نېمىشقا يېڭى يىلنىڭ بېشىدا ئىككى كۈن بلوگنى تاشلاپ قويغاندۇ دەپ قالدىڭلار ھەقاچان. تۈنۈگۈن سەھەر سائەت 08:00 ، ماشىنىنى قىزىتقاچ سەھەر مەنزىرىسىنى، ئوتلاپ يۈرگەن قاغىلارنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان ئىدىم. تۇيۇقسىز بىر تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ئالدىمغىلا …
فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئاخىرى كىرىشتۈرۈلۈپ تورغا يوللىنىپ بولدى. توردىن كۆرۈش نۇسقىسىنى شاھ بلوگى يوللاپ قويماقچى بولدى. بىز ھازىرچە 720P لىك RMVB نۇسقىسىنى چۈشۈرگەچ تۇرايلى.
ئالدىنقى بىر يازمىدا بۇ نادىر كارتوننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرىم بىلەن قوشۇپ بىر يازما يوللىغان ئىدىم. شۇ يازمىنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن كونا كېسىلىم قوزغىلىپ، بۇنى قانداقلا بولمىسۇن بىر تەرجىمە قىلىش نىيىتىگە كەپقالدىم. شۇنىڭ بىلەن 3 كۈن ھەپىلىشىپ تەرجىمىسىنى پۈتتۈرۈپ كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئىشلەشكە تاپشۇردۇم.
ئەزەلدىن كارتون فىلىملەرگە ناھايىتى يېقىندىن دىققەت قىلىىپ كېلىمەن. چۈنكى بۇ مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو تۈرىم. بۇ يىل ئەتىيازدا قويۇلغان RIO نىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ناملىق بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن، مېنىڭ تەبىئەتكە ۋە ئاشۇ ئوماق جانىۋارلارغا بولغان قىزىقىشىم تېخىمۇ ئاشتى.
2-دۇنيا ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن بۇ فىلىمدە كىچىك قىز لۇسىي مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويناۋېتىپ باشقا بىر غايىۋانە بىر دۇنيانىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاكا-ھەدىلىرىمۇ كىرىدۇ. گۈزەل نانىيا دۆلىتىگە پادىشاھ بولىۋالغان ئايال پېرخوننى تۆتەيلەن ئادىل پادىشاھ ئارسلاننىڭ ياردىمىدە ئاغدۇرۇپ تاشلاپ نانىيالىقلارغا قايتىدىن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار