تەگلىك ئالماشتۇرۇش پروگراممىلىرى خېلى كۆپ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن تور يۈزىدىن چۈشۈرۈش ئارقىلىق خىزمەت قىلىدۇ. بىراق بۇ ئەپ ئىچىدىكى تەگلىك توردىكى رەسىملەر بولماستىن، ئۆز ئىچىدە 96 مىڭدىن ئارتۇق ئايفون 4 نىڭ رېتىنا ئېكرانىغا لايىق سۈزۈك رەسىملەرنى مۇجەسسەملىگەن. ئەگەر بۇنى قاچىلىسىڭىزلا تور بولمىسىمۇ پەچەت سۈزۈكلۈكتىكى 96 مىڭ پارچە رەسىمدىن خالىغانچە تەگلىك ئالماشتۇرىۋالسىڭىز بولىدۇ، دېگەن گەپ.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئىلگىرى AppStore دا 3 دوللاردىن قىزغىن سېتىۋېلىنغان بۇ چاياندەك ئەپنىڭ ئايفون نۇسقىسىنى بۈگۈن ھەقسىز تارقىتىپتۇ. مەن ئايفوننى دەسلەپتە ئىشلەتكەن ۋاقىتلىرىمدا 91 دىن چۈشۈرۈپ سىناپ باققان ئىدىم. ھازىرقى نەشىرى تېخىمۇ ئىلغار، تېخىمۇ كۆركەم ئىكەن. بۇ ئەپ سىزنىڭ ئايفون ياكى ئايتاچىڭىزنى بىر دانە سىمسىز مائوسقا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مائوسلا ئەمەس. كونۇپكا تاختىسىنى ئايفوننى بىر ئۈستىگە سىلكىش بىلەنلا پەيدا قىلالايسىز. ئاستىغا سىلكىسىڭىز كىرىپ كېتىدۇ. سىلكىگەندە كونۇپكا تاختىسى چىققان چاغدىكى ئاۋاز «شاق! شاق!» قىلىپ بەك پەچەت چىقىدۇ تېخى. ئادەمنى بەك نوچى بىر نەرسىنى ئىشلىتىۋاتقاندەك ھىسياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. :-D

داۋامىنى ئوقۇش »

سىز مەيلى رادىئودا بولسۇن، مەيلى تېلىۋىزۇردا بولسۇن بىرەر جايدا بىر مۇزىكا ياكى ناخشىنى ئاڭلىغان بولسىڭىز، سىزگە يېقىپ قالسا شۇ ناخشىنىڭ نامىنى بىلىۋېلىپ،  توردىن ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرۈپ ئاڭلاشنى خالايسىز، شۇنداقمۇ؟  بىرەر كىشىدىن سوراي دېسىڭىز، شۇ ناخشىنى ئۆزىڭىز غىڭشىپ ئوقۇپ بېرىپ، ماۋۇ ناخشا قانداق ناخشا بولغىيتى، دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق قىلسىڭىز بەزىدە زاڭلىققا ئۇچرىشىڭىزمۇ مۇمكىن.

بۈگۈنكى ماۋۇ App دەل سىزنىڭ بۇ غېمىڭىزنى يوق قىلىدۇ. Soundhound بولسا AppStore دىكى ئاۋازغا ئاساسەن ناخشا تاپىدىغان دېتاللار ئىچىدىكى ئەڭ تىز ۋە ئەڭ توغرا تاپىدىغان بازىرى ئىتتىك دېتال. بۇ دېتال ئايفون، ئايتاچ، ئايپەدنىڭ ھەممىسىگە چۈشىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

بۈگۈن ماۋۇ App  قىززىق.  ھەقلىق تولۇق نەشىرىنى ھەقسىز قىلىپ، سىناق نۇسخىسىنى 2 دوللار چىقىرىپ قويۇپتۇ.  ئالدىراشچىلىقتا ئالماشتۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ. ماۋۇلار بۇ ئىشنى سېزىپ قېلىپ باھانى ئالماشتۇرىۋالغۇچە دەرھال چۈشرىۋالغۇلۇق.

داۋامىنى ئوقۇش »

تولۇق ئىقتىدارلىق ئۈن خاتىرىنىڭ نامى Moe’s Notes بولۇپ، بۈگۈن ئايفون ۋە ئايپەد نۇسخىسى تەڭلا ھەقسىز تارقىتىلدى. بۇ ئۈن خاتىرە ئۆزىدىكى ئەسلى بار بولغان، ياكى بىز ئىلگىرى كۆرۈپ باققان ئۈن خاتىرىلەرگە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ سۈرەتكە ئېلىش، ئاۋازغا ئېلىش ۋە قىسقا فىلىمغا ئېلىش ئارقىلىق بارغان جايىڭىزدا ئېنىق – ئېنىق خاتىرە قالدۇرغىلى بولىدۇ. بۇ App ئايفوننىڭ ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسىدىن پايدىلىنىپ خاتىرە قالدۇرغان ۋاقتىڭىزدا ئورۇننىمۇ ئاپتۇماتىك ساقلايدىغان بولۇپ، خاتىرىنىڭ توغرىلىقى، مۇكەممەللىكىنى  يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتىرىدۇ. داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش