App Store دا رەسىمگە ئۈنۈم قوشىدىغان نەرسىلەر خېلىلا كۆپ. ھەقسىزلىرىنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈكلىرى ئاز. ياخشىراقلىرىنى بولسا «كۆك»كە ئالىدىغان گەپ. بۇ ئەپ ئارقىلىق سىز رەسىملىرىڭىزگە رەڭلىك ۋە رەڭسىز تېز سىزما ئۈنىمىنى سېكونت ئىچىدە قوشالايسىز. ئۆزگىچە سىدام سىزما ئۈنىمى لازىم بولسا بۇ ھەقسىز ئەپكە مۇراجىئەت قىلىڭ!

داۋامىنى ئوقۇش »

ئايفوننىڭ ئاۋازغا ئېلىش ئىقتىدارى خېلى بوپ قويىدۇ. ئۆزىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان ئاۋاز سۈزۈش قۇرۇلمىسى بار. ئاستى ۋە ئۈستىدىكى 2 مىكروفۇن ئارقىلىق ئاۋازنىڭ ھەقىقىيلىقىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ساقلىيالايدۇ. لېكىن بۈگۈنكى بۇ قورال بولسا مۇخبىرلارغا ۋەياكى ئالاھىدە ھەرىكەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلارغا ماس كېلىدۇ. چۈنكى بۇ پەقەت ئاۋاز سېگنالى پەيدا بولغاندىلا ئاندىن ئاۋازغا ئېلىشقا باشلايدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئايفوننى ئىشلەتكەندىن بۇيان بۇ نەرسە ئارقىلىق بىز خىيالىمىزغا كەلتۈرۈپ باقمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتۇق. بەزىلىرىگە ئاغزىمىز ئېچىلىپلا قالدىغۇ دەيمەن. بۈگۈن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم قانداقتۇر ئېگىزنى پاكار قىلىدىغان، سېمىزنى ئورۇن قىلىدىغان ئەمەس بەلكى ئۇزۇننى قىسقارتىدىغان ئەپ!

داۋامىنى ئوقۇش »

ئالدىنقى تېمىدا قوللىنىش توغرىسىدا 高德导航 نىڭ بىر قىسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سۈرەتلىك كۆرۈپ ئۆتكەن ئېدۇق. بۈگۈن بۇنىڭ داۋامىنى يوللاشقا نىسىپ بوپتۇ. ئاستىدا چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەندى.

داۋامىنى ئوقۇش »

高德导航 نى يول باشلاش سېستىمىسى ئىشلىتىپ باققانلار ئاساسەن بىلىشى مۇمكىن. شيامېندىكى 高德 پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى يول باشلاش سېستىمىسى بازىرىدا خېلى غوللۇق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۈگۈن بۇنىڭ iPhone ۋە iPad ئۈچۈن مەخسۇس ياسىغان AutoNavi سىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

داۋامىنى ئوقۇش »

نەچچە كۈن بۇرۇن يوللىغان «ئايفونغا قاچىلىمىسا يامان بولىدىغان پرگرامما» دېگەن تېمىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئاۋۇ پروگرامما پەقەت تۈرمىدىن قاچۇرغانلارلا پايدىلىنالايدىغان ئەپ. چۈنكى ئۇ Cydia ئارقىلىق قاچىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىقتىدارى ھەقىقەتەن مۇكەممەل بولسىمۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى خالىمايدىغانلار ئۈچۈن ۋازكەچمەي ئامال يوق ئىدى. بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ ئەپ – تۈرمىدىن قاچۇرمىغانلارمۇ پايدىلىنالايدىغان يەنە بىر قولايلىق ئەپ!

داۋامىنى ئوقۇش »

بۇ قېتىمقىسى ئۆتكەن قېتىم يوللىغان «96 مىڭدىن ئارتۇق سۈزۈك رەسىم بوغچىسى» دېگەن تىمىدا يوللانغان ئەپ بىلەن ئوخشاش يەنە بىر تەگلىك بوغچىسى ئىكەن. چۈشۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش. لېكىن ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇ ھەقلىق (0.99$) ئىكەن. بۇ ھېلىھەم ھەقسىز ! ئۆتكەن قېتىم ئۈلگۈرەلمىگەنلەر بۇنى چۈشۈرىۋېلىڭ. چوڭلۇقى 130 مېگابايت كېلىدۇ. بۇ باشقىلىرىدەك توردىن چۈشۈرۈپ كۆرسىتىدىغان تەگلىك ئەمەس.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئايپەدنىڭ گەرچە ئىچىدە كومپاس بولغىنى بىلەن ئايفونغا ئوخشاش مەخسۇس كۆرىدىغان جايى يوق. كومپاسنىڭ بارلىقىنى بۇ ئىقتىدارىنى قوللىنىدىغان پروگراممىلارنى ئىشلىتىپلا بىلەلەيمىز. بۇ دېتال مەخسۇس ئايپەد ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ ئايپەدنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويغان كومپاسىنى كولاپ چىقىدۇ. ئايپەد ئىشلىتىۋاتقانلار چوقۇم قاچىلاش لازىم بولغان دېتال.

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش