iPhone ىڭىزنى يۆتكىلىشچان سكەننىر قىلىۋالغۇڭىز بارمۇ؟ بەلكى بۇ ئەپ سىزگە ياردەم قىلالىشى مۇمكىن. Scan Pages ناملىق بۇ ئەپ ئارقىلىق بىز ماقالە، گرافىك، كىتاب-ژورنال ۋە مەھسۇلات كارتوچكىلىرى قاتارلىق ھەرخىل نەرسىلەرنى خۇددى سكاننېردە تەسۋىر ھاسىل قىلغانغا ئوخشاش ساقلاپ ئالالايدىكەنمىز.
iPad نى ئېلان قىلغۇچە قورقماي گەپ قىلىدىغان بىر گېپى بار. ئۇ بولسىمۇ iPad بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئېسىل بىر سوۋغا، ئېسىل بىر نەرسە. چۈنكى ئۇنىڭدا بالىلارنىڭ كاللىسىنى ئاچىدىغان، تەپەككۇرىنى ئويغىتىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئەپلەر بار. بۈگۈن قارىسام ماۋۇ ئەپمۇ دەل مۇشۇ تېمىغا ماسلىشىدىغان ئەپ ئىكەن.
مەن ئۆزۈم رەسىمگە مۇناسىۋەتلىك ئەپ بولسا ئىزدەپ يۈرۈيمەن. يارىغانلىرىنى چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويىمەن. بۈگۈن قارىسام ArcFrame دەپ ئاتىلىدىغان ماۋۇ ئەپ تېخىچە ۋاقىتلىق ھەقسىز ھالەتتە ئىكەن. ئېھتىياجى بار دوستلار بوپقالسا ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتمەي پايدىلىنىشقا چۈشۈرۈپ قويسا بولغۇدەك.
نېمىشقىكىن، مەن ئۆزۈم رەسىم بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەپكە خېلىلا ئامراق. دىققەت قىلىۋاتقانلار بايقىغان بولىشى مۇمكىن، تەۋسىيە قىلىۋاتقان ئەپلەرنىڭ ئىچىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رەسىم بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەپلەر خېلى كۆپ. بۈگۈن داڭلىق رەسىم كۆرگۈچىسى ACDSee نىڭ ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن بىر ئەپنى كۆرۈپ قالدىم. قارىسام ئۈنىمى پەچەتتەك …
iOS تە رەسىم تەھرىرلەيدىغان قوراللار خېلىدىن ئوبدان سېتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ iPad ئۈچۈن لايىھەلەنگەن رەسىم تەھرىرلەش قوراللىرى ئوبدان بازار تېپىغلىق. Nik Software, Inc نىڭ Snapseed دېگەن ئەپمۇ 4.99 دوللاردىن سېتىلىدىكەن. بۈگۈن بۇ ئەپ ۋاقىتلىق ھەقسىز ئىكەن.
مۇخبىرلار مەيلى جەڭ مەيدانى بولسۇن، مەيلى ناچار شارائىت، مەيلى ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن جايلار بولسۇن، جاي ياكى ئورۇن تاللىماي كەسپىنى قىزغىن سۆيگەن ئاساستا بەلگىلىك قۇربانلىق بېرىدۇ. بۇ خىل روھ ئۇلارغا شۇ قەدەر مەدەت بېرىدۇكى، بەزى سۈرەتلەرنى كۆرگىنىمىزدە بۇنى تارتقان فوتوگرافنىڭ قانداق بىر ھالدا تۇرغانلىقىنى بىلگىمىزمۇ كېلىدۇ.
قىزلارنىڭ ئىچىدە يىلاندىن قورقمايدىغانلار يوققۇ دەيمەن. ئەلۋەتتە، ئوغۇللارنىڭ ئارىسىدىمۇ بۇ مەخلۇقتىن قورقىدىغانلار ساماندەك بولسا كېرەك. مەنمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. جۇغى چوڭ بولمىغىنى بىلەن سۈرى بەك ياماندەك بىلىنىدۇ. ئىشقىلىپ قارىساملا تېنىم شۈركۈنۈپ كېتىدۇ. ئوخشاش ھېسياتتىكىلەر كېلىڭلار!
ئىلگىرى iPhone ئۈچۈن ئۆزگىچە تەگلىك رەسىملىرىدىن بىر نەچچە تال دەپ بىر يازما يوللىغان ئىدۇق. بۈگۈن مۇشۇ ئىقتىدارغا ئېگەن بۇ ھەقلىق ئەپ ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىلىپتۇ. بۇنى تەۋسىيە قىلماي بولمىدى. تەۋسىيە قىلىشتىكى يەنە بىر ئاساس شۇكى، ئىلگىرى Topping Glow دەپلا پارقىرايدىغان ئىقتىدارغا ئېگە نەشىرنى كۈچەيتىپ نۇرغۇن ئۈنۈملەرنى قوشۇپ ياساپتۇدەك.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار