تالانتلىق فوتوگراف ئادىل ئىسمائىل سانسىزلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئوخشاش تىرىشچانلىقنى ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنىڭ ئاساسى دەپ بىلگەن. تەلەپچان تالانتلىق فوتوگراف ئادىل ئىسمائىل گۆھەر زىمىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چىگرا شەھىرى – گۈزەل غۇلجا شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇ 1963- يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى شۇ شەھەردە ئوقۇمۇشلۇق زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
فوتو سۈرەت كەسپىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ئادىل ئىسمائىلنىڭ فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرى 1986-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. ئۇ بۇ يىگىرمە نەچچە يىل مابەينىدە جەمئىيەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش نەتىجىسىدە كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

فوتو سۈرەتچىلىك كەسپىگە بىز ناھايىتى كىيىن كىرگەن كەسىپ بولغاچقا ئاساسەن ھەممە ئاتالغۇلار بىزگە ناتونۇش، ياكى بىر ئاڭلاپلا چۈشۈنەلىگۈدەك ئەمەس. شۇڭا بۇنىڭغا دائىر كۆپ ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچەم بويىچە ئىزاھ بېرىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.

داۋامىنى ئوقۇش »

سىفىرلىق ئاپاراتنىڭ تۈرلىرى (1) دېگەن تېمىمىزدا ئالدىنقى 3 تۈرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئېدۇق. بۈگۈنكىسى كۇلۇبىمىزدا ئاساسلىق مۇنازىرە قىلىشىدىغىنىمىز ۋە كەسپىيلىك دەرىجىسى بىر قەدەر ئۈستۈن بولغان تاق لېنزىلىق رېفلېكىسلىق ئاپارات.  بۇ ئەمدى قانداق گەپتۇ؟ ئىسمىغا قارىساق دەماللىققا بىرنەرسىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز بۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىسال ۋە زاغرا تىلىمىز بىلەن چۈشۈنۈپ ئۆتەيلى. داۋامىنى ئوقۇش »

سىفىرلىق ئاپارات جەمىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جەھەتتىكى بىلىملىرىمىزنىڭ كەمچىللىكى ئادەمدە تولىمۇ تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. ناھايىتى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئاپاراتنى قولغا ئالىمىز، قىسقا ئارىلىق ھالىتى ئوچۇقمۇ يوق، يورۇقلۇق يېتىشەمدۇ يوق ھېچنىمە بىلەن ھېساپلاشمايلا تاراسسىدا باسىمىز. مانا بۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى «سۈرەتكە تارتىش».  ئەمەلىيەتتە ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلسىڭىز قولىڭىزدىكى ئاشۇ كىچىككىنە ئالقانچىلىك ئاپاراتتا نۇرغۇن بېلىملەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى، سىزنىڭ پەقەت ئۇلارنى بايقىماي ياكى بايقاشنى خالىماي ئۆتكۈزىۋېتىپ بارغانلىقىڭىزنى بىلىپ يېتىسىز. داۋامىنى ئوقۇش »

سىز سۈرەتكە تارتىشقا قىزىقامسىز؟ ئۇنداقتا سىزئۇنى قانداق چۈشىنىسىز؟ سۈرەتكە تارتىش سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئاپاراتنى قولغا ئېلىپلا ئوبىكتقا قارىتىپ زاتۋورنى بېسىشما؟ ئەمەلىيەتتە بۇ بىرخىل ئىنتايىن يۈزەكى قاراش بولۇپ، مەنمۇ بۇرۇن ئاشۇنداق داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش