پاسىبان كۇلۇبى » ستىۋ جوبس | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى /steve-jobs-celebrating.html /steve-jobs-celebrating.html#comments Fri, 28 Oct 2011 09:55:07 +0000 پاسىبان /?p=3213 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى

ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

SAMSUNG 9 بىلەن MacBook Air نىڭ سېلىشتۇرما جېڭى

تېز خەۋەر – ستىۋ جوبس خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى

iTools, 同步推, 91 قاتارلىق چوماقچىلارنىڭ قوزغاتقۇچىسى
无觅 ]]>
Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى

Steve Jobs ئۆلگەندىن كىيىن كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆز قولى بىلەن ئىجاد قىلغان iPhone 4 ىنى قايتىدىن سېتىۋېلىشقا باشلىدى. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە iPhone 4 ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقى ئەڭ ئېسىل iPhone ھېسابلىنىدىكەن. بەلكى بۇ قاراش شۇلارنىڭ Steve Jobs قا بولغان ھۆرمىتى، ئىشەنچى ۋە سېغىنىشى سەۋەبلىك بولسا كېرەك. جوبسنىڭ ئاشۇنداق سېغىنىدىغان ئەگەشكۈچىلىرىگە Tim Cook باش بولۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ جوبسنى ئەسلەشتى.

قىستۇرۇلغان فىلىم مۇشۇ قېتىملىق مۇراسىمنىڭ باشتىن-ئاخىر كۆرۈنىشى بولۇپ، ئومومى ئۇزۇنلىقى 80 مىنۇت ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئاساسلىقى جوبسنىڭ ھاياتى سۆزلىنىدۇ. قىزىققۇچىلار كۆرۈپ چىقساڭلار بولىدۇ. سۈزۈك نۇسقىسىنى كۆرمەكچى بولغانلار ئالما تور بېتىدىن كۆرۈۋېلىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/steve-jobs-celebrating.html/feed 3
iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى /iphone-4s-chinese-conference.html /iphone-4s-chinese-conference.html#comments Wed, 26 Oct 2011 05:53:32 +0000 پاسىبان /?p=3195 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

رىۋايەتلەردىكى ئايفون 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمى مۇشۇمىدۇ؟

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient
无觅 ]]>
iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

يېڭى ئەۋلاد ئايفون iPhone 4S نىڭ بازاردىكى باھاسىمۇ بارغانسىرى چۈشكىلى تۇردى. ھازىرقى باھاسى 5500 يۈەندىن 7000 ھەتتا 8000 يۈەنگىچە بولىۋېتىپتۇ. باھاسىنىڭ چۈشىشىگە ئەگىشىپ توردا سېتىلىش مىقدارىمۇ ئېشىۋاتىدۇ. باھا راۋۇرۇس مۇقىملىشىپ بىز پۇل خەجلىگۈچە ئېلان قىلىش يىغىنىدا نېمىلەرنىڭ ئېيتىلغانلىقىنى تەپسىلىيرەك كۆرگەچ تۇرۇش نىيىتىدە بۇ سىننى يوللىدىم.

بۇ سىندىكى خەنچە چۈشەندۈرىلىشى بىر قەدەر ئەتراپلىق بولۇپ، بىۋاستە تەرجىمىسىگە قارىغاندا قوشۇمچە كۆز قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پۈتۈن سىننىڭ ۋاقتى جەمئىي 97 مىنۇت بولۇپ، 5-ئەۋلاد iPhone غا قىزىققۇچى ھەۋەسكارلارنىڭ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ.

بەزىلەر Steve Jobs نى ئەسلەپ (iPhone 4S (teve دەپمۇ ئاتايدىكەن. ئەمدى بىز بۇ ئوقەت (iPhone 4S (teve نىڭ قېپىدىن چىقىرىلىش جەريانىنى بۇ سىندىن كۆرۈپ باقايلى.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/iphone-4s-chinese-conference.html/feed 3
شۇنداق، ئۇ كەتتى /we-lost-steve-jobs.html /we-lost-steve-jobs.html#comments Thu, 06 Oct 2011 07:17:52 +0000 پاسىبان /%d8%b4%db%87%d9%86%d8%af%d8%a7%d9%82%d8%8c-%d8%a6%db%87-%d9%83%db%95%d8%aa%d8%aa%d9%89.html بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن 无觅 ]]> We Lost Steve Jobs

بۈگۈن بىز دۇنيادىكى كاتتا كەشپىياتچىدىن ئايرىلىپ قالدۇق. بۈگۈن ئالما شىركىتى خادىملىرى، شۇنداقلا دۇنيادىكى بۇ كىشىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان نۇرغۇن كىشىلەر سۈكۈتتە تۇرۇشتى… مېنىڭچە ئارتۇق سۆزنىڭ ھاجىتى يوق…

sss

 

ستىۋ . جوبس  1955-2011

ئالما بىر يىراقنى كۆرەر، يېڭىلىق ياراتقۇچى تالانت ئېگىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. دۇنيا بىر كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنساندىن ئايرىلدى. ئارىمىزدىكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلالىغانلار، ئۆزىنىڭ يېقىن بىر دوستىدىن ۋە ئۇلارغا يول كۆرسەتكۈچى ئۇستازىدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ قالدۇرغىنى پەقەت ئۇلا قۇرۇپ چىقالايدىغان شىركەت بولدى. ئۇنىڭ روھى – ئالما شىركىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسى يىلتىزى.

Steve Jobs نى ئەسلەيمىز!

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/we-lost-steve-jobs.html/feed 30
تېز خەۋەر – ستىۋ جوبس خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى /steve-jobs-has-resigned.html /steve-jobs-has-resigned.html#comments Thu, 25 Aug 2011 15:52:07 +0000 پاسىبان /?p=2563 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى
无觅 ]]>

بۈگۈن سەھەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆزۈمچە شۈك بوپقالدىم. كاللامدا، ستېۋ جوبس ئەمدى قېرىپتۇ. ئەمدىلىكتە خىزمىتىدىن ھەقىقىي ئىستىپا بېرىپتۇ. ئالمىنىڭ يېڭى ئېراسى باشلىنىدىغان بوپتۇدە، دېگەنلەرنى ئويلىدىم.

تۆۋەندىكىسى سىتىۋ جوبسنىڭ ئىستىپانامىسىنىڭ مەزمۇنى:

ئالما مۇدىرىيىتىگە:

مەن ئىلگىرى سىلەرگە مەن ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپەمنى ئادا قىلالمايدىغان ۋاقىتتا تۇنجى بولۇپ سىلەرنى خەۋەردار قىلىمەن، دېگەن ئىدىم. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ كۈن يېتىپ كەلدى. مەن ھازىر، ئۆزۈمنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپەمدىن ئىستىپا سورايدىغانلىقىمنى جاكارلايمەن. ئەگەر مۇدىرىيەت قوشۇلسا، مەن مۇدىرىيەت رەئىسى بولۇپ يەنە ئالمىدا خىزمەت قىلىمەن. يېڭى ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مەن ئىلگىرىكى پىلانىمىز بويىچە تىم . كوكنى تەيىنلەشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. مەن ئىشىنىمەن، ئالمىنىڭ كەلگۈسى – يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئېگە ۋە ئەقىللىق كوكنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ پارلاق. مەن كوكنىڭ تۆھپىسى بىلەن ئالمىنىڭ كەلگۈسىدىكى غەلبىسىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمەن. شۇنداقلا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغىنىنى بېغىشلايمەن.

مەن ئالمىدا ھاياتىمدىكى نۇرغۇن ئەزىز دوستلارنى ئۇچراتتىم. سىلەر بىلەن شۇنچە يىل بىللە خىزمەت قىلالىغىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن. سىلەرگە رەھمەت!

ستېۋ جوبسنىڭ قىسقىچە ھاياتى

ستىۋ . پاۋل . جوبس (Steve Paul Jobs) بۇ تارىخى شەخس 1955-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سان-فرانسىسكودا تۇغۇلغان. بۇ يىل 56 ياش. ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى. ئىلگىرى پىكسار كارتون ستۇدىيىسىنى قۇرغان ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2006-يىلى پىكسارنى دېسنىي سېتىۋالغان بولسىمۇ ھېلىھەم مۇدىرىيەت ئەزاسى ۋە ئەڭ چوڭ شەخسىي پايچىكى. Macintosh, iPod, iPhone, iPad قاتارلىق دۇنيانى زىلزىلگە سالغان دەۋر بۆلگۈچ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىجادچىسى.

1972-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، پولشادىكى ئالىي مەكتەپتە پەقەت 1 مەۋسۇم ئوقۇغان.

1974-يىلى جوبس بىر شىركەتتە كومپىيۇتېر ئويۇنى لايىھەلەيدىغان خىزمەت تاپقان.

1976-يىلى جوبس 21 يېشىدا 26 ياشلىق ستىفىن ۋوزناك (Stephen Gary Wozniak) بىلەن بىللە جوبسنىڭ ئۆيىدىكى ماشىنا ئامبىرىدا ئالما شىركىتىنى قۇرىدۇ. ئارىلىقتا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئۆزى قۇرغان شىركەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

1996-يىلىغا كەلگەندە جوبس ئالما شىركىتىگە قايتىدىن قايتىپ كېلىدۇ.  1997-يىلى 9-ئايدا جوبس قايتىدىن ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولىدۇ.

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى جوبس ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدۇ.

ئالما شىركىتىنىڭ قىسقىچە تارىخى

1977-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالما شىركىتى رويىخەتكە ئېلىنىپ رەسمى قۇرۇلدى.

1980-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋال كوچىسىدا پاي چېكى بازارغا سېلىندى.

1983-يىلى ستېۋ جوبس بار ھاياتى كۈچىنى سەرپ قىلىپ شەخسلەر كومپىيۇتېر تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى.

1984-يىلى تۇنجى Mac كومپىيۇتېر بازارغا سېلىندى.

1985-يىلى NeXT شىركىتى قۇرۇلدى.

1986-يىلى جوبس Pixar نى قۇردى.

1993-يىلى NeXT نىڭ قاتتىق دېتال بۆلۈمى تاقالدى.

1995-يىلى ئويۇنچۇقلار ھېكايىسى دېگەن كارتون فىلىمنىڭ قاتتىق داڭقى چىقىپ كەتتى.

1996-يىلى ئالما شىركىتى NeXT نى سېتىۋېلىپ، جوبسنى ئالمىغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى.

1997-يىلى جوبس قايتىدىن ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدرىلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى.

1998-يىلى iMac ئامېرىكا بازىرىدىكى كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان شەخسلەر كومپىيۇتېرى بوپقالدى.

1999-يىلى ئالما شىركىتى iBook، G4  ۋە iMacDV نى بازارغا سالدى.

200-يىلى ئالما شىركىتى چوڭ زىيات تارتتى. پاي چېكى قاتتىق چۈشۈپ كەتتى.

2001-يىلى تۈز ئېكرانلىق iMac بازارغا سېلىنىپ، 3 يىل بۇرۇن بازارغا سېلىنغان كونا نۇسقىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى.

2002-يىلى iPod نىڭ 2-ئەۋلاد نۇسقىسى بازارغا سېلىنىپ، Touch wheel دېگەن يېڭىچە بارماق سېزىش تېخنىكىسى بىلەن ياسالدى.

2003-يىلى تۇنجى 64 لىك شەخسلەر كومپىيۇتېرى Apple PowerMac G5 بازارغا سېلىندى.

2003-يىلى 3-ئەۋلاد iPod بازارغا سېلىندى. بىرلا ۋاقىتتا PC ۋە Mac نى قوللايدىغان بولدى. شۇنداقلا Firewire ئارقىلىق چاتمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.

2004-يىلى جوبس ئاشقازان ئاستى بېزى راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلدى. ئالمىنىڭ پاي چېكى بازىرىدا يەنە چوڭ داۋالغۇش بولدى.

2004-يىلى iPod نىڭ 4-ئەۋلاد نۇسقىسى ئېلان قىلىنىپ، كىچىك iPod Mini دىكى Click Wheel تېخنىكىسى قوللىنىلدى.

2005-يىلى جوبس كېلەر قېتىمقى كومپىيۇتېردا intel CPU ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2005-يىلى 5-ئەۋلاد iPod ئېلان قىلىندى.

2005-يىلى iPod nano دەپ ئاتىلىدىغان ئىنتايىن نىپىز بولغان مۇزىكا قويغۇچ بازارغا سېلىندى.

2006-يىلى جوبس تۇنجى intel CPU ئىشلىتىلگەن iMac  ۋە MacBook Pro نى بازارغا سالدى.

2006-يىلى 2-ئەۋلاد iPod nano  ۋە iPod shuffle بازارغا سېلىندى.

2007-يىلى 3-ئەۋلاد iPod nano بازارغا سېلىندى.

2007-يىلى ستىۋ جوبس iPhone  ۋە يېڭىچە iPod نى ئېلان قىلدى.

2008-يىلى جوبس دۇنيادىكى ئەڭ نىپىز بولغان لەپتوپ MacBook Air نى ئېلان قىلدى.

2008-يىلى 3G تورىنى قوللايدىغان يېڭىچە ئايفون 2 بازارغا سېلىندى.

2008-يىلى 4-ئەۋلاد iPod nano ۋە iPod touch 2 نى ئېلان قىلدى.

2008-يىلى يىپيىڭى لايىھەدىكى MacBook ۋە MacBook Pro ئېلان قىلىندى. 24 سۇڭلۇق Apple LED Cinema Display ئېلان قىلىندى.

2009-يىلى 17 سۇڭلۇق MacBook Pro لەپتوپ بازارغا سېلىندى.

2009-يىلى 2-ئەۋلاد ئايفوننىڭ سۈرئېتى 2 ھەسسە تىزلىتىلىپ 3-ئەۋلاد iPhone 3GS ئېلان قىلىندى.

2009-يىلى يىپيېڭى iPod shuffle ، iMac ، Mac mini، Mac Pro ئېلان قىلىندى.

2010-يىلى تاختا كومپىيۇتېر iPad ئېلان قىلىندى.

2010-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى WWDC دا جوبس iPhone 4  نى ئېلان قىلدى. ئېكران چوڭلۇقى بۇرۇنقى 320*480 تىن 2 ھەسسە چوڭايتىلىپ 640*960 كە يەتكۈزۈلدى.

2001-يىلى 3-ئايدا iPad 2 ئېلان قىلىندى.

دىققەت قىلساق ھەر يىلى بىر يېڭىلىق. 2~3 يىلدا بۆسۈش خاراكتىرلىق يېڭى بىر مەھسۇلات. ئالمىنىڭ بۇ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئۇلارنىڭ «باش رېژىسسورى» ستىۋ جوبستىن ھەرگىزمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئالمىنىڭ جوبس دەۋرى ئاياغلىشىپ كوك دەۋرى باشلانغۇدەك. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغاندۇ؟ ئەمدى ئالما يەنە بۇرۇنقىدەك مۇشۇنداق زور نەتىجىلەر بىلەن داۋام ئېتەلەمدۇ؟ بىزگە يەنە مۇشۇنداق كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئېسىل مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىن ئېتەلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە مۇشۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھ تېنىمىزدا جېنىمىزدا ئامان قىلسىلا بۇ كۈنلەرنىمۇ كۆرەرمىز.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/steve-jobs-has-resigned.html/feed 3
WWDC 2011 يىغىنى سان-فرانسېسكودا ئېچىلدى /wwdc-2011.html /wwdc-2011.html#comments Thu, 09 Jun 2011 12:49:31 +0000 پاسىبان /?p=2139 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

تېز خەۋەر – ستىۋ جوبس خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

رىۋايەتلەردىكى ئايفون 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمى مۇشۇمىدۇ؟
无觅 ]]>

ئامېرىكا ۋاقتى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ھەر يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان ئالما ئاچقۇچىلار (پروگراممېرلار) چوڭ يىغىنى - 2011 WWDC سان-فرانسېسكودا ئېچىلدى. بۇ يىغىندا ئالمىنىڭ بۇرۇنقى قائىدىسى بويىچە مەزمۇن مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئامېرىكا شەرقى قىسىم ۋاقتى 6-ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 10 دا ئېىچىلىدىغانلىقى پەقەت نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئاشكارىلانغان ئىدى. ئالما شىركىتىنىڭ CEO سى ستىۋ جوبس يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئەڭ ئاساسلىقى Mac OX Lion نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى ۋە iOS 5 ئېلان قىلىندى. يىغىندىكى ئەڭ يېڭىلىق بولسا ئالمىنىڭ بۇلۇت مۇلازىمىېترى بولمىش يىپيىڭى iCloud تونۇشتۇرۇلدى.


ئەپسۇسلىنارلىقى يىغىندا كىشىلەر ئەڭ قىزىقىۋاتقان 5-ئەۋلاد iPhone توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى. ئىلگىرىكى يىغىندا يىغىن ئۇسلۇبى بويىچە نەتىجىنى ئۆزىمىزگە ئويلىنىشقا قالدۇراتتى. بۇ يىغىندا بۇنداق بولماي ئاۋال نەتىجە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Mac OS X Lion ۋە iOS نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. بۇنداق بولغاندا بىزلەرنىڭ بۇ يېڭى سېستىمىلارنى يېڭىلىغىنىمىزدا قانداق يېڭىلىقلارغا ئېرىشىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە دەسلەپتىلا ھاسىل بولدى.

ئالمىنىڭ COO سى Tim Cook ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئالما بۇندىن كىيىن مەھسۇلاتنىڭ قاتتىق دېتالىغا بولغان ئۆزگەرتىشنى 2-ئورۇنغا قويۇپ، يۇمشاق دېتالنىڭ قاتلاملىشىشىغا، مۇكەممەللىشىشىگە 1-ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئېدى. بۇنداق ئىبارىلەر يېڭى ئەۋلاد ئايفوننىڭ كېچىكىشىگە ياخشى باھانە بولالايدۇ. زادى قانداق يېڭىلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىز جوبسنىڭ ئۆزىدىنلا ئاڭلىغۇمىز بارغۇ دەيمەن؟

كىسەللىك سەۋەبىدىن ئارام ئالغىلى يېرىم يىل بولاي دەپ قالغان سىتىۋ جوبسنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنغا يەنە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغانلىقى كۆپ قىسىم ئەگەشكۈچىلىرىنى خۇشال قىلدى. بۇ تارىخىي شەخس سەھنىگە يەنە چىقىپ بىزگە يەنە قانداق يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلەر؟ ئاۋال تۆۋەندىكى رەسىمگە نەزەر سېلىپ باقايلى

2007-يىلدىن بۇيان iPhone دېگەن ئۇقۇمنىڭ يوقتىن بارلىققا كېلىشىدىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە بولغان مۇشۇ قىسقىغىنە 4 يىل مابەينىدە، ئالما ئۆزىنىڭ بۇ مەھسۇلاتى ئارقىلىق دۇنياغا قايتا تونۇلدى. ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەر بۇرۇن پەقەت نامىنىلا ئاڭلاپ باققان لېكىن قىزىقمىغان، ياكى قىزىقىشنى خالىمىغان بۇ ماركىنىڭ سادىق ئىشلەتكۈچىسىگە ئايلاندى. ھازىر ئۇلار ئالما نېمىلا ياسىسۇن چوقۇم ئۇنى سۆيۈپ ئىشلىتىدۇ. ئالما ئەڭ ياخشىسىنى ياسايدۇ دەپ قارايدۇ. ئابونتلارنىڭ بۇ ھالەتكە كېلىشىگە ئالمىنىڭ مۇشۇ قىسقىغىنە 4 يىل ئىچىدە ياساپ چىققان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سەرخىللىقىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ.

ھەر يىلقى WWDC يىغىنىدا يېڭى ئەۋلاد ئايفوننىڭ سايىسىنى بولسىمۇ كۆرگىلى بولاتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ يىل بۇنداق بولمىدى. ئالمىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات نىشانىغا نەزەر سالساق، ئالما ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ تۇيغۇسىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. قاتتىق دېتال ئىقتىدارى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئالما شىركىتى ئاساسى نىشاننى يەنىلا قاتتىق دېتالغا مەركەزلەشتۈرىۋالمىدى. بۇ قېتىمقى يۈزلىنىش يەنىلا يۇمشاق دېتالنىڭ ئوخشاش شارائىتتا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ راۋان، ئىشلەتكۈچىگە تېخىمۇ ياخشى تۇيغۇ بېرىدىغانلىقى، يۇمشاق دېتالنىڭ ئۈنۈمدارلىقى، ئويۇندىكى سەزگۈنىڭ كۈچلۈكلىكى، باتارىيەنىڭ چىدامچانلىقى قاتارلىق تەرەپلەر بولدى. بۇنداق بولغاندا كونا ئۈسكۈنىلەردىمۇ ئوخشاشلا ئىسىل ئۈنۈملەردىن پايدىلانغىلى بولاتتى. ئەگەر قاتتىق دېتالغىلا كۈچىگەن بولسا كونا نەشىردىكى ئۈسكۈنىلەر ئۆزلىگىدىن زاماندىن قالاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ ئاساسلىق نىشانىمۇ مۇشۇ بولدى. بۇ يىغىندا iCloud نىڭ iDevice نىڭ تەرەققىيات سەپىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەمراھى بولىدىغانلىقى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

گوگلنىڭ پۇلى كۆپ. شۇڭا پروگراممىرلار يىغىنىدا يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا SAMSUNG نىڭ تاختا كومپيۇتېرىدىن بىر دانىدىن سوۋغا قىلغان ئىكەن. گەرچە ئالما شىركىتى ئۇنداق قىلمىسىمۇ، كىرىش بېلىتى 3 سائەت ئىچىدىلا پاك-پاكىز سېتىلىپ تۈگىگەن. باھاسى 1000 دوللار بولغان بۇ بېلەتنى كىشىلەر بۇلاپ-تالاپ كېتىشكەن. eBay تورىدا كىرىش بېلىتىنى 3000 دوللارغا تالاشتۇرۇپ ساتقان خەۋەرمۇ بار ئىكەن. ئالماخۇمارلارنىڭ تەلۋىلىكىنى كۆپ جەھەتلەردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. پروگراممىرلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قولىدا گەرچە بېلەت بولسىمۇ، يېرىم كېچىدىن باشلاپ ئۆچرەت ساقلىغىلى تۇرغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن. قولىدا بېلەت تۇرسىمۇ مۇشۇنداق ئۆچرەتتە تۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتىكىن بىلمىدىم.

ئۆچرەتتە تۇرغانلار قاتارىدا ئانچە-مۇنچە تونۇش چىرايلار ئۇچراپمۇ قالىدىكەن. مەسىلەن Cydia قۇرغۇچىسى Saurik قا ئوخشاش. بۇ ئاكىمىزنى ھەممەيلەن تونۇيمىزغۇ دەيمەن. سەۋدايىغا ئوخشاش ئۇزۇن چاچ قويىۋالىدىغان مۇشۇ كىشى شۇ. بەلكى ستىۋكام يىغىندا بۇ مەجنۇننى كۆرۈپ قالسا چوقۇم ھومىيىپ قارايدىغۇ دەيمەن.


بۇ چولپان بىلەن رەسىمگە چۈشۈدىغانلار قاتارلىشىپ ئۆچرەتتە تۇرىدىكەن. قارىماققا ئىلغار پەن-تېخنىكا يىغىنى ئەمەس، بىرەر سەنئەتكارنىڭ ناخشا كېچىلىكىدەك ھېسيات بېرىدىكەن.

بۇ قېتىمنى يىغىننىڭ ئاساسلىق 3 تېمىسى : ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Mac OS X Lion ، iOS 5 ۋە iCloud مۇلازىمېتىرى.

قارىساق قارا رەختكە ئوراپ قويغان «سىرلىق پلاكات» لارمۇ باركەن. ئەجەبا بۇ 5-ئەۋلاد iPhone مىدۇ؟

يىغىن مەيدانىغا كىردۇق. يىغىن ھازىرلا باشلىنىدۇ.

WWDC 2011 يىغىنى رەسمىي باشلاندى!

ستۋ جوبس چىقىپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

تۆۋەندە جوبسنىڭ ئۆزىدىن iCloud نىڭ چۈشەندۈرىلىشىنى ئاڭلاپ ئۆتەيلى

بۇ بولسا يىغىننىڭ تولۇق كۆرۈنىش فىلىمى (يۇقىرى ئېنىقلىقتىكىسى)

بۇ خەنچە چۈشەندۈرىشى بار نۇسقىسى

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/wwdc-2011.html/feed 10
«دورامچۇق تام» ئائىلىسىدىن يەنە بىر يېڭىلىق – Talking Ben /talking-ben.html /talking-ben.html#comments Wed, 25 May 2011 11:14:08 +0000 پاسىبان /?p=2056 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

دورامچۇق ئىت-مۈشۈكلەرنىڭ جېڭى يەنە باشلىنىپتۇدەك

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient
无觅 ]]>

Talking Tom نى ئايفون ئىشلىتىپ باققانلار ئاساسەن دېگۈدەك چوقۇم قاچىلاپ باققانغۇ دەيمەن. مۇشۇ تېمىنى كۆرۈۋاتقان ئايفونداشلارنىڭ ھېلىھەم ئايفونىدا بۇ كلاسسىك مۈشۈك بولسا كېرەك. يېقىندا بۇ شىركەت يەنە Ben ئىسىملىك تېخىمۇ ئوماق بىر كۈچۈكنى ياساپ چىقىپتۇ. بۇ چوقۇم ئوماقلىقىدا Tom نى بېسىپ چۈشىدىكەن.

چوڭ سۈپەت ئولتۇرغان بۇ كۈچۈكنىڭ ئىسمى بەن «Ben». ئەڭ ئاۋال بۇنى كۆرگىنىمىزدە گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرغان ھالىتىنى كۆرىمىز. گېزىتتە ستىۋ جوبسنىڭ تامنى ياخشى كۆرىدىغانلىق توغرىسىدا خەۋەر بېسىلغان. بۇ كۈچۈك ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ، يېنىدا تۇرغان تېلفۇن ئارقىلىق سىز بىلەن پاراڭلىشالايدۇ. تېلفۇننى بىر باسساق تېلفۇن سايرايدۇ. بەن تېلفۇننى ئالغاندىن كىيىن سىز بىلەن پاراڭلىشىشنى باشلايدۇ.

بۇ كۈچۈكنى بوش چاغلىماڭ. بۇ قايسى بىر ئۇنىۋېرىستىتنىڭ خىمىيە فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن ئەلاچى ئوقۇغۇچى. ئۈستىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۈرېتى بۇنىڭ ئىسپاتى. بۇ رەسىمنى باسقاندا ئاۋايلاپراق بېسىڭ ھە، چېقىلىپ كېتىپ قالمىسۇن. ئاستىدىكى پروبىركىنىڭ رەسىمىنى بېسىپ بەننىڭ تەجرىبىخانىسىغا كىرەيلى

ئاستىدا بىزگە ئەڭ دەسلەپ 2 تال خىمىيىلىك دورا بېرىدۇ. بۇ ئىككىسىنى رىئاكسىيەلەشتۈرۈش ئارقىلىق ھەرخىل ئۈنۈملەرگە ئېرىشىمىز.

پارتىلاشتىنمۇ ساقلانغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.

ئورۇندۇقنى بېسىپ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىمىز. بۇنىڭمۇ ئوخشاشلا قول-پۇتلىرىغا باسساق ھەرخىل ئىنكاس پەيدا بولىدۇ. قورسىقىنى سىلىساق غىدىقى كېلىدۇ. ئەڭ ئوماق يېرى تېلفۇن ئارقىلىق بىز بىلەن پاراڭلىشىشى ئىكەن. مېنىڭچە تامغا قارىغاندا بۇ بەكلا ئوماقكەن. دەرھال ھەرىكەتلىنىپ ئاستىدىكى ئۇلىنىشنى بېسىپ iTunes ئارقىلىق چۈشۈرىۋېلىڭ.

يېشىش ئۇسۇلى

بۇلارنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن iTools ئارقىلىق تۆۋەندىكى مۇندەرىجىنى ئېچىڭ.

var / mobile / applications / Talking Ben  / Documents

بۇ جايغا چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن ھۆججەتنى چىقىرىپ قاپلىۋەتسەك ئىش پۈتىدۇ.

ئەگەر ئۈستىدىكى ئادرىسقا 文件系统 已越狱 دىن كىرسىڭىز Appilication نىڭ ئاستىدا 9ED1F8B3-11CE-47D2-A20F-4E10B1744585 دېگەندەك مۇندەرىجە چىقىۋېلىشى مۇمكىن. سىز تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ سان-سىفىرلارنى ئەپ ئىسمىغا ئايلاندۇرۇپ ئاسانلا تاپالايسىز (iTools ئارقىلىق):

文件管理 نى باسسىڭىز ئوڭ تەرەپتە (程序(用户 دەپ بىر جاي بار. شۇنى باسقاندىن كىيىن قاچىلىغان ئەپنىڭ ئىسمى يۇقىرىدىكى سان-سىفىر شەكلىدە ئەمەس، ئەپ ئىسمى ھالەتتىلا كۆرىنىدۇ. سىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى Talking Ben نىڭ ئىچىنى ئاچسىڭىزلا بايىقى Documents دېگەن مۇندەرىجىنى تاپالايسىز. بۇ تولىمۇ ئاسان بىر ئۇسۇل. مۇشۇ جايغا بۇ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قاپلىۋەتسىڭىزلا كۇپايە.

iPhone نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭ

iPad نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭ


كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/talking-ben.html/feed 7
رىۋايەتلەردىكى ئايفون 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمى مۇشۇمىدۇ؟ /is-this-iphone5-conference.html /is-this-iphone5-conference.html#comments Mon, 25 Apr 2011 12:23:10 +0000 پاسىبان /?p=1614 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى
无觅 ]]>

كىسەللىك سەۋەبىدىن ئارام ئېلىۋاتقان ستىۋ جوبس ئاندى-ساندا پەيدا بولغاندىن باشقا چاغدا كىشىلەر ئۇنى تولىمۇ ئاز ئۇچرىتىدىغان بوپ كېتىشتى. لېكىن بۇ كىشى يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلمىسا بىر يەرلىرى كامدەك ھېس قىلىدىكەن ئادەم. يېقىندا توردا بىر سىن تارقىلىپ يۈرۈپتۇدەك. بۇ قارىماققا يېڭى مەھسۇلات – ئايفون 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمىغا رەپېتىس قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشتەك قىلاتتى. شۇمۇ ئەمەس ئۆزىڭىز بىر كۆرۈپ باھا بېرىپ باقمامسىز؟

سىن بىر ئاز يىراقتىن ئېلىنغان بولغاچقا جوبسنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىكەن. لېكىن كىيىنگەن تەقى-تۇرقىغا، يەنە ئۇنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەن بەدىنىگە قاراپ چوقۇم تونىۋالالايسىز. بۇ سىندا «يېڭى ئايفون يۇقىرى پەن تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى، سىز ئۇنىڭدىن بۆلجۈرگەن پۇرىقىنى پۇراپ ئالالايسىز» دېگەن بىر جۈملە بار ئىكەن.

PS : ئالما بۆلجۈرگەن پۇراپ يۈرسە بۇ ناقداق بوپ كەتكىنى؟ بۇ سىنلار ئەسلى خېلى كۆپ بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۆچۈرۈپ تاشلانغان ئىكەن. قېپقالغىنى پەقەت مۇشۇ بىر دانىلا. ئارزۇلۇق بۇ سىننى كۆرۈپ ئايفون 5 نىڭ سىماسىنى كۆرەلەمدۇق يوق؟ سىنغا مەرھەمەت.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/is-this-iphone5-conference.html/feed 10
ستىۋ جوبس بۈگۈن ئالما باش شىركىتىدە پەيدا بولدى /201104201522.html /201104201522.html#comments Wed, 20 Apr 2011 15:36:33 +0000 پاسىبان /?p=1522 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى
无觅 ]]>

ستىۋ جوبسنىڭ كىسەل ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئەگەشكۈچىلىرى بۇ كىشى توغرىسىدىكى ھەرقانداق خەۋەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۈگۈن 56 ياشلىق ستىۋ جوبس ئالما باش شىركىتىدە پەيدا بوپتۇدەك. بۇ ئۇنىڭ قىزىققۇچىلىرى ئۈچۈن خۇشخەۋەر بولسا كېرەك.

ستۋ جوبس بۇ يىل بېشىدا كىسەللىك سەۋەبى بىلەن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىدىن ۋاقىتلىق ئىستىپا سورايدىغانلىق توغرىسىدا مۇدىرىيەتكە ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى ۋە قاچان قايتا ئىشقا چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرەر ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان كىشىلەر جوبس توغرىسىدا ھەر خىل جۆيلۈپ بېقىشتى. تۋىتتىردا بەزىلەر ئۇ كىشىنى راك كىسىلى بىلەن «ئۆلتۈرۈپ» مۇ ئۈلگۈرۈشتى. لېكىن 3-ئايدىكى iPad 2 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمىدا روھلۇق قىياپەتتە قايتىدىن پەيدا بولىشى Fan لىرى ئۈچۈن تولىمۇ چوڭ خۇشخەۋەر بولغان ئىدى.

باشقىلار بۈگۈن ئۇنىڭ يەنە ئاشۇ ۋەكىللىك خارەكتىردىكى ئۈستى-بېشى بىلەن سىرتقا چىققانلىقىنى، خىزمەتدېشى بىلەن بىرگە ناشتا قىلغاندىن كىيىن ئالما باش شىركىتىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. رەسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 56 ياشلىق جوبس كىسەل ئەرزىيتىنى خېلى تارتقان بولسا كېرەك. بۇنى ئۇنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەن «زىلۋا» بەدىنىگە قاراپ بىلىۋالماق قىيىن ئەمەس.

ستىۋ جوبس 2004-يىلى ئاشقازان ئاستى بېزى راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغاندىن كىيىن، 2009-يىلى جىگەر كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغان. ئوپىراتسىيەدىن كىيىن كىسەللىك ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، بۇ يىل بېشىدا ئۇنىڭ كىسەللىك سەۋەبى بىلەن خىزمىتىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىش ئىلتىماسىنى سۇنىشى، ئۇنىڭ قىزىققۇچىلىرىنى تولىمۇ ساراسىمگە سالغان ئىدى. لېكىن بۇ يىل 3-ئايدىكى iPad 2 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىشى كۆپلىگەن ئەگەشكۈچىلىرىنى خاتىرجەم قىلدى.

نېمىلا بولمىسۇن، ئاللاھ كۆپنى بىلدۈرگەن كىشى. بىزنىڭ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىمىزگە ئۈلگە بولالايدىغان ياخشى ئوبراز. بىز بۇ كىشىنىڭ كىسىلىنىڭ بالدۇرراق ياخشىلىنىپ بىزنى ئىسىل تەجرىبە ۋە تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلات بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201104201522.html/feed 5