iPhone نى Steve Jobs ياساپ قويغىنى بىلەن ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ قوللىنىشچان قىلىشتا پروگراممېر ئاۋانگارتلار تولىمۇ چوڭ روللارنى ئويناۋاتىدۇ. قولىڭىزدىكى بۇ iPhone شۇ قەدەر قوللىنىشچان بىر نەرسىكى، سىز ئۇنىڭ پۈتۈن ئالاھېدىلىكلىرىنى مەڭگۈ توپمۇ-تولۇق بايقاپ ۋە ئىشلىتىپ بولالمايسىز.
تور دېسكىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ. بۇلۇت تېخنىكىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ھەر قايسى تور دېسكا تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى، دېسكا سىغىمى قاتارلىقلارنى زور دەرىجىدە يېڭىلاپ «بۇلۇت» دېگەن بۇ ئىسىمغا ماسلىشىشقا تېرىشتى. بۈگۈن iPhone ۋە iPad لىرمىزگىمۇ يېتىپ كەلگەن يەنە بىر ھەقسىز بۇلۇت دېسكىسى 金山快盘 نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
مۇسابىقە ئويۇنلىرىنى ياقتۇرمايدىغانلار بەكلا ئازغۇ دەيمەن. بولۇپمۇ ئوغۇللار ئىچىدە. Uber Racer 3D – Sandstorm ناملىق مونو ئويۇن ھەقىقىي مەنزىرىدەك تۇيغۇ بېرىدىغان 3D لىك دالا ماشىنا مۇسابىقە ئويۇنى. ماتورنىڭ شەھەر خارابىلىرى ئارىسىدا ئەتراپنى بىر ئېلىپ ھۆكۈرىگەن ئاۋازى بىلەن يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئەمەلىيەتكە تەدبىقلانغان ئويۇن كۆرۈنۈشى سىزنى چوقۇم رازى قىلىدۇ. ئايپەد ۋە ئايفونىڭىز ئۈچۈن پەقەت 1 تاللا چۈشۈرسىڭىز يېتىدۇ. يەنە بىر Universal ئويۇنى!
بۇ خەق نېمە بولاۋاتىدىكىن تاڭ، iPad2 نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ھەممىسى ياخشى ئويۇنلىرىنى ئايىماي ئوتتۇرىغا تۆككىلى تۇردى. ئايىغى ياراشتى جۇمۇ iPad2 نىڭ. Enigmo2 ئالما بازىرىدا ئىنتايىن بازارلىق ئويۇن بولۇپ، 2008-يىللىق Apple ئەڭ ياخشى ئويۇنى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. AppStore دا 2.99$ دىن ھېلىھەم ياخشى سېتىلىۋاتقان ئويۇن ئىدى. بۈگۈن بۇ كاتتا ئويۇن سوۋغا سۈپىتىدە ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىپتۇ. فىزىكىلىق ئويۇنلارنى ئويناۋېرىپ ئالىم بوپ كېتىدىغان بولدىڭىزدە!
Isaac Newton’s Gravity ناملىق بۇ ئويۇن كۆرۈنۈش يۈزى ۋە لايىھەسى پەچچەت فىزىكىلىق ئەقىل سىناش، تېپىشماق تېپىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ، Namco شىركىتىنىڭ پەخرلىك مەھسۇلاتى. بۇ شىركەتنىڭ نامىنى SONY ئويۇنلىرىنى ئوينىغان بولسىڭىز چوقۇم ئاڭلاپ باققانغۇ دەيمەن. شۇنداق، بۇ ئويۇن ساھەسىدىكى خېلى چوڭ شىركەت. بۈگۈن بۇ ئويۇننىڭ ئايفون ۋە ئايپەد ھەر ئىككى نۇسقىسى ھەقسىز. ئەقىل سىناش ئويۇنىغا ئامراق فىزىكاخۇمارلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ. ھەقلىق قىلىشىغا يەنە ئازلا قالدى!
مونو ئويۇننىڭ كۆرۈنۈش يۈزى تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ، مىڭە ئىشلىتىپ ئەقىل سىنايدىغان ئويۇنغا ئامراقلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويسا بولمايدىغان ياخشى تاللىشى. قاۋۇل كەلگەن كۋادرات شەكىللىك ياغاچنى، رامكا ئىچىدىكى قىستا-قىستاڭلار ئارىسىدىن يۆتكەپ ئاستىدىكى تۆشۈكتىن چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ.
مونوسى داڭلىق ئويۇن ئىشلەش شىركىتى Miniclip.com نىڭ نادىر ئەسىرى بولۇپ، AppStore دا ئىنتايىن بازارلىق ئويۇن ئىدى. پېقىرمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرگەن پەچەت ئويۇن. بىر مەزگىللەردە كىرىشىپلا كەتكەن ئىدىم. ئۇ چاغدا 91 تېلفۇن ياردەمچىسى ئارقىلىق چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ئېدىم. نېمىلا دېگەن بىلەن ئەسلى زاۋۇتنىڭكىگە يېتەمدۇ؟ بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپتۇ. دەرھال چۈشۈرىۋالغايسىز.
گىرمانىيە FDG يانفون ئويۇنى ئىشلەش شىركىتىنىڭ ئىلگىرى ئىشلىگەن بىر قانچە ئويۇنلىرى ئاجايىپ بازار تاپقان ئىدى. مۇزىكىلىرى ئىنتايىن يىنىك، ھەرىكەتلىرى شۇنداق ئوماق بۇ ئويۇن ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئويۇنى بولۇپ، ھازىر ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىپتۇ. چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، ئادەمنىڭ راستىنلا مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان پەچەت ئويۇنكەن. كۆرىنىشى رەڭگارەڭ ھەم بەكلا سۈزۈك. سىزمۇ چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار