ئامېرىكا ۋاقتى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ھەر يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان ئالما ئاچقۇچىلار (پروگراممېرلار) چوڭ يىغىنى - 2011 WWDC سان-فرانسېسكودا ئېچىلدى. بۇ يىغىندا ئالمىنىڭ بۇرۇنقى قائىدىسى بويىچە مەزمۇن مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئامېرىكا شەرقى قىسىم ۋاقتى 6-ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 10 دا ئېىچىلىدىغانلىقى پەقەت نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئاشكارىلانغان ئىدى. ئالما شىركىتىنىڭ CEO سى ستىۋ جوبس يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئەڭ ئاساسلىقى Mac OX Lion نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى ۋە iOS 5 ئېلان قىلىندى. يىغىندىكى ئەڭ يېڭىلىق بولسا ئالمىنىڭ بۇلۇت مۇلازىمىېترى بولمىش يىپيىڭى iCloud تونۇشتۇرۇلدى.
iOS مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان ئۈسكۈنىەرنى قىسقارتىپ iDevice دەپ ئاتايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان iDevice كىشىلەرنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن سېتىۋالىدىغان نەرسىلىرىگە ئايلاندى. ئامېرىكا ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرىنى iDevice قا ئالماشتۇرغۇدەك.
ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا %10 iPhone ئىشلەتكۈچى iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرىدىكەن. ئەلۋەتتە، تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ سەۋەبى ئالما ئورگان تەرەپ ئېتىراپ قىلمايدىغان 3-تەرەپ دېتاللىرىنى قاچىلاش ئۈچۈن. ئالما شىركىتى ۋە لىيەنتوڭغا ئوخشاش ھوقوق بېرىلگەن ساتقۇچى ئورگانلار تۈرمىدىن قاچۇرغان iPhone ئۈچۈن سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەيدىكەن. لېكىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش قانۇنغا ئۇيغۇنلاشقاندىن بۇيان، Cydia غا ئوخشاش 3-تەرەپ پروگرامما سۇپىسى iPhone نى تېخىمۇ خاسلىققا ۋە رەڭدارلىققا ئېگە قىلىشنى خالايدىغان ئابونتلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى AppStore بوپقالدى! ئۇنداقتا Cydia نىڭ قۇرغۇچىسى (Jay Freeman(Saurik نىڭ iPhone ى زادى قانداقتۇ؟
كىسەللىك سەۋەبىدىن ئارام ئېلىۋاتقان ستىۋ جوبس ئاندى-ساندا پەيدا بولغاندىن باشقا چاغدا كىشىلەر ئۇنى تولىمۇ ئاز ئۇچرىتىدىغان بوپ كېتىشتى. لېكىن بۇ كىشى يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلمىسا بىر يەرلىرى كامدەك ھېس قىلىدىكەن ئادەم. يېقىندا توردا بىر سىن تارقىلىپ يۈرۈپتۇدەك. بۇ قارىماققا يېڭى مەھسۇلات – ئايفون 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمىغا رەپېتىس قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشتەك قىلاتتى. شۇمۇ ئەمەس ئۆزىڭىز بىر كۆرۈپ باھا بېرىپ باقمامسىز؟
ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئالما شىركىتى زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ نامايەندىسى بولمىش «بۇلۇت» تېخنىكىسىنى Google دىن بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرگىدەك. ئالما شىركىتى بۇلۇت مۇزىكا مۇلازىمىتىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى پۈتتۈرۈپ بوپتۇ. پات ئارىدا ئابونتلارغا ئىلىتىشكە تاپشۇرىلىدىكەن. ئەگەر بۇ خىزمەت پلان بويىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە ئالمىنىڭ بۇلۇت تېخنىكىسى Google دىن بالدۇر ئەمەلكە ئاشقان بولىدۇ.
جۇڭگو تېلېگرافى ئەنخۈي ئۆلكىلىك تارماق شىركىتى يېقىندا ئابونتلارغا 4،500 يۈەنگە ئايفون 4 سېتىۋالسا 3،000 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى سوۋغا قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى. بۇ ئەجەبا جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ رەسمىي تۈردە ئايفون 4 نى سېتىشقا باشلىغانلىقىنى بېرەمدۇ؟
Alasdair Allan ۋە Pete Warden ئىسىملىك ئىككى پروگراممىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە iPhone4 ۋە iPad نىڭ 3G نۇسقىسى ئارقا سۇپىدا مەخپىي ھالدا ئابونتنىڭ ئورنىنى ۋە ۋاقتىنى خاتىرىلەپ ماڭىدىكەن. ئالما شىركىتى iOS 4 نى ياساپ چىققاندىن بۇيان ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، بۇ مەخپىي ئىجرا بولىدىغان پروگرامما ئارقا سۇپىدا ئىشلەتكۈچىگە ھېچقانداق بىلدۈرمەيلا بارلىق مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارىدىكەن.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار