4-ئاپرىل Dev team ئۆزىنىڭ دەھشەت سۈرئېتى بىلەن ئەمەلىي كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. بۇ قېتىم ئېلان قىلغان iOS 4.3.1 نىڭ Jail Break (تۈرمىدىن قاچۇرۇش) قورالىنىڭ Windows ۋە Mac نۇسقىسىنى بىراقلا ئېلان قىلدى. لېكىن ھازىرچە iPad 2 گە كۈچى يەتمەيدىكەن. iPhone 4 ۋە 3GS ئابونتلىرى پايدىلانسا بولىدۇ. بۇ Sn0wBreeze 2.5 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان Redsn0w بولۇپ، iOS 4.3.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرالايدۇ.
بىر نەچچە كۈن بۇرۇن i0n1c ئىسىملىك خاككىر بىر خۇشخەۋەرنى ئېلان قىلدى. ئۇ تورغا بىر سىن يوللىغان بولۇپ، بۇ سىن iPod touch 4G iOS 4.3.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانى ئىدى. بۇ سىن (i0n1c (Stefan Esser نىڭ ئىلگىرى ئېيتقان iOS 4.3.1 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ پات يېقىندا ئېلان قىلىنىش ۋەدىسىنىڭ ئورۇندىلىۋاتقىنىنى ئىسپاتلىدى.
iOS 4.3.1 نەشىرى ئېلان قىلىندى. يېڭىلىق ئەلۋەتتە بار. قۇلۇپى يوق ئالمىداشلار يىڭىلىسا تامامەن بولىدۇ
ئاز مۇددەت ئىلگىرى (10-مارت كۈنى) ئالما شىركىتى ئايفون مەشغۇلات سېستىمىسى iOS نىڭ 4.3 نەشىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئارقىغا ئۇلاپلا 4.3.1 نەشىرىنىمۇ ئېلان قىلىپ ئۈلگۈرۈشتى. 4.3 مەشغۇلات سېستىمىسى ئائىلىسىدە ئۆزگىرىشلەر خېلى بار بولۇپ، قۇلۇپى يوق ئايفون ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن ئىككىلەنمەي يېڭىلاش ياخشى تاللاشتۇر.
بىر مەزگىل بۇرۇن ئايفونغا مۇكەممەل ئۇيغۇرچە فونت تونۇتۇش توغرىسىدا بىر تېما يوللىغان ئېدىم. فونت تونۇتۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قورالى بولمىغاچقا مەخسۇس ئايفون ئۈچۈن ناھايىتى ئاددىي بولغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساپ يوللاپ قويغاندىن بۇيان، ھەر كۈنى نەچچە ئون ئايفونداشلارنىڭ نەچچە يۈز قېتىملىق ھاجىتىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ھەر قېتىملىق تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئۆزىگە يارىشا يەنە كەمچىللىكلىرى بولىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئەسلى نورمال بولغان نەرسىگە يەتمەيدۇدە. ئىلگىرىكى مۇكەممەلسىزلىكتىن ھازىرقى مۇكەممەللىككە تەرەققى قىلغىنى بىلەن Greenpois0n نى ئىشلىتىپ تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن قوزغالغاندا كۆرىنىدىغان يېشىل رەڭلىك ئىسكىلىتنىڭ بەلگىسى ئادەمنىڭ سەل ئىچىنى ئېلەشتۈرىدۇ. بۇنى سىزنىڭ ئەسلىدىكى ئالمىنىڭ رەسىمىگە ئۆزگەرتىش ئويىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا سىز بۇ ئامالنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون يېشىش گورۇپپىسى Chronic Dev Team يېقىندا ئالما مەشغۇلات سېستىمىسى (iOS) نىڭ 4.2.1 نۇسقىسى قاچىلانغان ئايفون، ئايپەد، ئايتاچ، AppleTV 2 (بۇنى RC6 نۇسقىسى يېشەلەيدۇ) قاتارلىق ئالما مەھسۇلاتلىرىنى يېشەلەيدىغان Greenpois0n RC5 نامىدىكى يېشىش پروگراممىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان يېشىش پروگراممىسى ئۆتكەن يىل iPhone Dev Team گورۇپپىسىنىڭ Redsn0w 0.9.6b4 يەشكۈچىسىدىن كىيىن ئېلان قىلىنغان ئەڭ مۇكەممەل يەشكۈچ ھېساپلىنىدۇ.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار