ئالدىنقى يازمىمىزدا DreamBorad نىڭ ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش ساھەسىدە WinterBoard قا قارىغاندا يۈكسەك دەرىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئېگە ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۇنىڭدىن بىر-ئىككى مىسال ئېلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈنكى يازمىمىزدا DreamBoard نى قاچىلاش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقايلى.
تۈرمىدىن قاچۇرغانلارغا ئىلگىرى بىز بۇ يازمىمىزدا 威锋网 نىڭ مەنبەسىنى قوشۇشنى سۆزلەپ ئۆتكەن. بۇ مەنبەدە خەنچە خېلى تولۇق بولغان DEB فورماتىدىكى Cydia ئەپ بولاقلىرى تەمىنلەنگەن ئىدى. بۈگۈن ئەپلىرى بۇنىڭدىنمۇ مول بولغان، تېخىمۇ ئۇنىۋېرسال بولغان بىر مەنبە – 178 مەنبەسىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش – تۈرمىدىن قاچۇرىدىغانلارنىڭ ئىچىدىكى خاسلىقنى قوغلىشىدىغانلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان بىر ئىشى. ئۇلارغا ئەڭ لازىملىقى ۋە زادى قاچىلىمىسا بولمايدىغان قورالى – Winterboard ئىدى. لېكىن، نەچچە ئاي بۇرۇن WinterBoard قا رىقابەتلىشەلەيدىغان باشقا بىر سۇپا – DreamBoard ئېلان قىلىندى.
مۇشۇ ماۋزۇدىكى تېمىلىرىمىز بىر چاغلاردا ئارقىمۇ-ئارقا ئېلان قىلىنغان ئىدى. كىيىن ئۆزۈم تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاۋارىچىلىقى تۈپەيلى داۋاملاشتۇرۇشنى توختىتىپ قويغان ئىدىم. يېقىندا iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىمۇ ئېلان قىلىندى. مەن شۇ قاچقۇنلارغا بۈگۈن بۇ سوۋغىنى ئېلىپ كەلدىم.
iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئاخىرى ئېلان قىلىندى. يىل ئاخىرىدا Pod2g تۈرمىگە سولىنىپ ياتقان قاچقۇن كىشىلەرگە بىر سوۋغا تەقدىم قىلدى-دە! لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى، A5 CPU لۇق ئۈسكۈنىلەرنى مۇكەممەل قاچۇرالمايدىكەن.
iPhone 4S نىڭ پاتېنتى بولغان Siri ئىلگىرى خاككىرلار تەرىپىدىن «مۇكەممەل بولمىغان» ھالەتتە iPhone 4 كە كۆچۈپ كەلگەن ئىدى (بۇ يازمىغا قاراڭ). يېقىندىن بۇيان ھەممە كىشى iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى 4 كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقاندا، سارىخان بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەن خاككىرلار ئۇتۇقلۇق ھالدا iPhone 4 تە قانۇنلۇق سىناپ قىپتۇمىش.
قۇلۇپى بار نەشىردىكى iPhone ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نىجاتلىق يۇلتۇزى بولغان ئۇلترا قار Ultrasn0w ئامېرىكا نەشىردىكى ئايفونداشلارغا يات بولمىغان بىر ئۇقۇم بوپكەتتىغۇ دەيمەن. ئىلگىرى iOS 5 نىڭ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇللىرى چىققاندا 5.0 لىك سېستىمىنى قاچىلىغان قۇلۇپى بار iPhone چىلارغا خۇش خەۋەر كەپتۇدەك.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار