پاسىبان كۇلۇبى » توكلۇق | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 ھەممىباپ ماشىنىلىرىغا سىمسىز توك قاچىلاش تېخنىكىسىنى قوللانماقچى /20110107718.html /20110107718.html#comments Fri, 07 Jan 2011 04:21:13 +0000 پاسىبان /?p=718 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

دورامچۇق ئىت-مۈشۈكلەرنىڭ جېڭى يەنە باشلىنىپتۇدەك
无觅 ]]>
سىمسىز توك قاچىلاش ئىلگىرى بىزلەرگە چۈش ئىدى. چۈنكى ھاۋانىڭ توك ئۆتكۈزمەيدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. بۇ جەھەتتە ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ھەممىباپ ئاپتوموبىل زاۋۇتى بۈگۈن بۇ ساھەنىڭ باشلامچى كارخانىسى بولغان POWER MAT شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاپتۇدەك.

2012-يىلىدىن باشلاپ ھەممىباپ بايرىقى ئاستىدىكى ماركىلاردىن چېۋرولېت، بېك، GMC ۋە كادېللاك قاتارلىق ماركىلارنىڭ يېڭى تىپتىكى ماشىنىلىرىغا سىمسىز توك يەتكۈزۈش ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن باشلامچى كارخانا POWER MAT نىڭ تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئۇزۇن سىملاردىن خالىي يېشىل تېخنىكا بىلەن ماشىنا ياسايدىكەن.

بەلكى بۇنىڭغا ئەڭ دەسلەپ چېۋرولېتنىڭ ۋولت توكلۇق ماشىنىسى ئېرىشىشى مۇمكىن. بۇ ماشىنا كېلەر يىلى رەسمىي بازارغا سېلىنىدۇ. ۋولت بولسا ھەممىباپنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىسى قوللىنىلغان توكلۇق ماشىنىسى.

ھەممىباپ ئاپتوموبىل شىركىتى بۇ شىركەت بىلەن 5 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، تېخنىكىنىڭ تىز ئىلگىرلىشىگە ياردەمچى بولغان.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110107718.html/feed 6
BMW ئۇقۇم ماشىنىسى Vision Efficient Dynamics دۈبەيدە /20110103600.html /20110103600.html#comments Mon, 03 Jan 2011 14:40:29 +0000 پاسىبان /?p=600 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
BMW 5 نىڭ 535 ئات كۈچىلىك Hybrid ماشىنىسى

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

BMW X6 نىڭ Hybrid نۇسقىسىنى ياساش بېكار قىلىندى

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!
无觅 ]]>

ئۇقۇم ماشىنىسى بىر ماشىنا زاۋۇتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. BMW نىڭ  Vision Efficient Dynamics ناملىق بۇ ئۇقۇم ماشىنىسى فرانكفورت ماشىنا يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمىگە قويۇلغاندىن كىيىن ھەۋەسكارلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن ئېدى. بۈگۈنكى كۈنلەردە بولسا مۇھىت ئاسرايدىغان بۇ ئالاھىدە چاپقۇر خەلقئارا مەركىزى شەھەر دۈبەيدە پەيدا بوپتۇدەك.

بۇ ماشىنا 2+2  كىشىلىك قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، چايكا قانىتى شەكلىدىكى ئىشىكى بار. سىرتقى كۆرىنىشىنىڭ گۈزەللىكى  ئىلمىي فانتازىيەلىك كىنولاردىكى غايىۋانە ماشىنىلارنى ئەسلىتىدۇ. ماشىنا ئېگىزلىكى 1.24 مېتىر.  پۈتكۈل ماشىنا ئايرودىنامىكىغا ئاساسلىنىپ لايىھەلەنگەنلىكى ئۈچۈن قارشىلىقى پەقەت 0.22Cd .

ماتور قىسمىغا بولسا مۇھىت ئاسراشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان ھالدا 1.5 لېتىرلىق 3 سېلىندىرلىق تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق دېزىل ( سەلياركا) ماتور سەپلەنگەن. ئۇنىڭغا ئارقا چاقىغا ئورۇنلاشتۇرغان ياردەمچى ئېلىكتىر ماتور قوشۇلۇپ تۆۋەن سەرپىيات بىلەن يۇقىرى ئۈنۈمگە يىتەلەيدىغان ھەقىقى «غايىۋانە ماشىنا» مەيدانغا كەلگەن. ئېلىكتىر ماتور ۋە دېزىل ماتور بىرلىشىپ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا  356 ئات كۈچى چىقىرالايدۇ.

قوشۇلغان ئېلىكتىر ماتورنى 98 دانە جەمئىي 10.8 كېلوۋات سائەتلىك ھەجىمدىكى  لىتىيلىق باتارىيە توك بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ بۇ باتارىيەنىڭ ئېغىرلىقى ئاران 84.82 كېلوگرام. لىق توك قاچىلاش ئۈچۈن پەقەت 2.5 سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ماشىنىمۇ سىرتتىن توك بىلەن توك قاچىلاشقا بولىدىغان ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ئۇقۇم ماشىنىسى.  ساپ توك بىلەن يول يۈرگەندە 50 كېلومېتىر ئۇزۇنلۇققا بارالايدۇ.

ماي سەرپىياتى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، شۇنچە كۈچلۈك، شۇنچە ئىقتىدارلىق بۇ چاپقۇرنىڭ 100 كېلومېتىردىكى ماي سەرپىياتى پەقەت 3.75 لېتىر. BMW تەرەپنىڭ يەنە بىر مەلۇماتىدا 1 لېتىر دېزىل بىلەن 25 كېلومېتىر يول يۈرەلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئاران 24 لېتىرلىق ماي باكىغا لىق تولدۇرۇپ 700 كېلومېتىر يول يۈرگىلى بولىدۇ.  0-100 كېلومېتىرلىق سۈرئەتكە پەقەت 4.8 سېكونتتىلا چىقىپ بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى  250 km/h. بۇ سانلىق مەلۇماتلار BMW نىڭ بۇ جانۋارىنىڭ ھەقىقى ئەمەلىي كۈچىنى يورۇق ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

ياۋرۇپادا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ ماشىنىنىڭ سېتىلىش باھاسى 200 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئەڭ تېز بولغاندا  2013-يىللىرى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇمكىنكەن.  بۇ ماشىنىنىڭ دۈبەيدە پەيدا بولىشىدىن پۇلدارلار ئۈچۈن ئالاھىدە ياسىلىپ ئارقا ھويلىدا پۈتۈشكەن بولىشىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.

بۇ جانۋارنىڭ بىرقانچە پارچە چوڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

رەسىمنىڭ ئاخىرىنى بۇ جايدىن كۆرۈڭ.

ئەگەر يازمىلىرىمىز سىزگە يارىسا كۇلۇبىمىزنى  باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ. باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ. يازما ئادرىسى:

/20110103600.html

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110103600.html/feed 1
2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : تويوتا توكلۇق ئۇقۇم ماشىنىسى FT-EVII /20101228470.html /20101228470.html#comments Tue, 28 Dec 2010 16:44:33 +0000 پاسىبان /?p=470 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : 3-ئەۋلاد تويوتا پرىيۇس (TOYOTA PRIUS)

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : يىپيېڭى پولو
无觅 ]]>

بۇ يىلقى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە ئۇقۇم ماشىنىلىرىمۇ يىللاردىكىدىن كۆپ بولدى. بىر قاراشقا ئادەم لاسۋېگاس ماشىنا كۆرگەزمىسىگە كەپقالغاندەك ھېس قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئىشقىلىپ خېلى چوڭ كۆرگەزمىلەرگە ئوخشىدى. بۇ ماشىنىمۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان ئاشۇ ئۇقۇم ماشىنىلىرىنىڭ بىرى. ئەگەر كوچىدا مۇشۇ ماشىنىنى كۆرۈپ قالساق ھەممە ئادەم قاراپ، ماشىنا ھەيدەۋاتقانلار ئالدىدىكى ماشىنىغا ئۈسسۈسە، پىيادىلەر ئىستولبىغا… مانى ھەيدىگەن شوپۇر بولسا مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئاخسا ھەيدەپ كەتسە …

بەك خىيالى بوپ كەتتىممۇ قانداق؟

ئۇقۇم ماشىنىسى مۇشۇ سەۋەپلىك ھەممە يەرمەنكىلەردە ئەڭ قىزغىن كەيپىياتقا تولغان ھالەتنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.  تويوتانىڭ بۇ ماشىنىسى ھازىر ياۋورۇپادا بازارغا سېلىنىپ كاتتا ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەپچىل ماشىنا iQ نىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىپ ياسالغان بولۇپ، خاس ياشلار ياكى يېڭى توي قىلغانلارغا ماس كېلىدىغان ئائىلىۋى ئىخچام ماشىنا.

ماشىنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 2.73 مېتىر، كەڭلىكى 1.68 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.49 مېتىر. ئوق ئارىلىقى بولسا پەقەت 1.9 مېتىر. سەرەڭگە قېپىدەك مۇشۇ ماشىنىغا يەنە 4 ئادەم سىغىدىكەن.  تويوتا شىركىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە بۇنىڭغا كۈچلۈك ئېلىكتىر ماتور سەپلىنىدىكەن، ھەيدەش ئىنتايىن قولاي بولۇپ، بۇ ساھەدە يۇقىرى ئۈنۈملىك ماشىنا تۈرى بوپقالىدىكەن.

ماتور ۋە ماشىنىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا تەپسىلىي ئۇچۇرلار تېخى بېرىلمەپتۇ. بىر-ئىككى پارچە رەسىمىنى كۆرۈپ باقايلى:

* باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ . يازما ئادرىسى:

/20101228470.html

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20101228470.html/feed 3
2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : 3-ئەۋلاد تويوتا پرىيۇس (TOYOTA PRIUS) /20101226386.html /20101226386.html#comments Sun, 26 Dec 2010 05:05:23 +0000 پاسىبان /?p=386 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : تويوتا توكلۇق ئۇقۇم ماشىنىسى FT-EVII

2010-يىللىق گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل يەرمەنكىسى : لېكساس IS-F

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى
无觅 ]]>

3-ئەۋلاد تويوتا پرىيۇسنى ئېلىكتىر مەنبەگە چېتىپ تۇرۇپ توك قاچىلىغىلى بولىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن بولۇپ، بۇ ماشىنا مۇنەۋۋەر بولغان HYBRID، يەنى «ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك» ماشىنا ھېساپلىنىدۇ. پرىيۇس دۇنيادا ئەڭ دەسلەپ ياسالغان ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنا ئىدى. ھەممە يەردە  ئېنىرگىيە تېجەشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن ماركىدىكى ماشىنىلار ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنا ياساش يولىغا قەدەم قويۇشقا باشلىدى ۋە قويۇپ بولدى. مەسىلەن، ھەشەمەت تىپىدىكى ماشىنىلاردىن  لېكساسنىڭ LEXUS LS 600hL،  بېنزنىڭ  M-BENZ S400 HYBRID ، ئوتتۇرا قاتلامدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ماشىنىلاردىن دۆلىتىمىزدە ياساۋاتقان خوندا سۋىك، تويوتا كەمرىي قاتارلىقلارنىڭمۇ ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك تىپىدىكى ماشىنىلىرى بار.

ئىلگىرىكى پاسونلىرىدا ئايرىم توك قاچىلايدىغان ئېغىزى يوق ئىدى. بىر تەرەپتىن بېنزىندا مېڭىپ بىر تەرەپتىن قاچىلايتى. ئۇنىڭ توك قاچىلاش ئۈنىمى تەلەپتىن يىراق بولغاچقا 3-ئەۋلاد پرىيۇس ئايرىم توك قاچىلايدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن. ساتقۇچى ئورۇننىڭ ئېيتىشىچە پرىيۇسقا 100 كېلومېتىر مېڭىش ئۈچۈن پەقەت 3.92 لېتىر بېنزىن كېتىدىكەن. تيەنجىن بىرىنجى ئاپتوموبىل – تويوتا شىركىتى كېلەر يىلىدىن باشلاپ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

3-ئەۋلاد پرىيۇسقا لىتيى ئىئونلۇق باتارىيەنى ئېلىكتىر ماتورغا توك مەنبەسى قىلىپ تاللىغان بولۇپ، ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان توكقا چېتىپلا توك قاچىلاشقا بولىدۇ. بۇ ھازىرغىچە HYBRID تېخنىكا ساھەسىدە تېخى يېڭىلىق. نېمىلا دېگەن بىلەن ئەڭ دەسلەپ ياسالغان ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنا يەنە مۇشۇ ساھەدە ئالدىنقى سەۋىيەدىكى تېخنىكا ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

PRIUS PLUG-IN HYBRID Concept دەپ ئاتىلىدىغان 3-ئەۋلاد پرىيۇسنىڭ نىشانى 1 لېتىر بىنزىن بىلەن 55 كېلومېتىر يول يۈرۈش. كاربون -IV ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى 42g/km دائىرىسىدە ساقلاش. توكى  لىق قاچىلانغان ھالەتتە  ساپ توك مەنبەسى بىلەن يول يۈرگەندە ئارىلىقنى 20 كېلومېتىردىن ئاشۇرۇش.  زاۋۇت تەرەپنىڭ ئۇچۇر تەمىنلىشىچە 100 ۋولتلۇق توك مەنبەسى بىلەن 180 مىنۇتتا، 200 ۋولتلۇق توك مەنبەسى بىلەن 100 مىنۇتتا توكنى لىق قاچىلاپ بولغىلى بولىدىكەن.

ئېنىرگىيە مەنبەسى توختىماي خوراۋاتقان، ماشىنىلار تۈركۈملەپ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان، ماي باھاسى كۈندىن-كۈنگە ئۆسىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ياكى ساپ توكلۇق ماشىنىلار – ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ھېساپلىنىدۇ.

* باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. يازما ئادرىسى:

/20101226386.html

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20101226386.html/feed 0
ۋولكسۋاگېننىڭ تاكسى ئۇقۇم ماشىنىسى London Taxi Concept /20101217147.html /20101217147.html#comments Thu, 16 Dec 2010 18:25:07 +0000 پاسىبان /?p=147 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : تويوتا توكلۇق ئۇقۇم ماشىنىسى FT-EVII

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟
无觅 ]]>
VW Taxi Concept London

7 ئاي ئىلگىرى ۋولكسۋاگېنVolkswagen 大众“ خانوۋېر سودا يەرمەنكىسىدىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ Milano Taxi Concept دەپ ئاتىلىدىغان تاكسى ئۇقۇم ماشىنىسى تۈرىنى تەتقىق قىلىپ ياسايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن  ئېدى.  شۇ چاغدىكى مىلەن شەھىرىنىڭ يەرلىك پۇرىقىغا ئېگە بولغان بۇ تاكسى ماشىنا لايىھەسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 7 ئاي كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بولسا ۋولكسۋاگېن يەنە ئۇلاپلا ئۇنىڭ داۋامى بولمىش London Taxi Concept نى ئېلان قىلدى.بۇ ماشىنا ۋولكسۋاگېننىڭ تېخى بازارغا سېلىنمىغان Up! ۋە Lupo دېگەن ماشىنىلىرىنىڭ لايىھەسى ئاساسىدا Klaus Bischoff لايىھە گورۇپپىسى تەرىپىدىن مەيدانغا كەلگەن. كۆرىنىشى ئەنگىلىيەنىڭ Mini ماشىنىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سىرتقى ئۆلچىمى 3730mm X 1680mm X 1600 mm . ئەڭ يېڭى تىپتىكى بۇ تاكسىنىڭ ئىچىنىڭ راھەت، ئازادە ۋە  كەڭتاشالىقى تاكسىغا چىققۇچىلارنى چوقۇم ھوزۇر ھېس قىلدۇرالايدۇ.

VW Taxi Concept London

113 ئات كۈچىگە ئېگە بولغان ئېلىكتىر ماتور بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. ئەڭ يۇقىرى سۈرئېتى سائېتىگە تېخى 119 كىلومېتىر. بۇ پەقەت بىر تاكسى بولماستىن  يۇقىرى سەۋىيەلىك تېخنىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئەقىل پاراسەت مىۋىسى.

بۇ كاساپەتنىڭ يەنە  بىر قول قويۇشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، 1 سائەت ئىچىدە 80% توكنى قاچىلاپ بولالايدۇ. توكى تولۇق بىر قېتىم قاچىلانسا 300 كېلومېتىر يۈرەلەيدۇ. بۇ تەرىپى كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ-دە!

كۇلۇبىمىز سىلەرنىڭ قەدىمىڭلار بىلەن تېخىمۇ رەڭدار !

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20101217147.html/feed 0