نەچچە كۈنلۈك ئالدىراشچىلىقتىن بۈگۈن ئاخىرى تورغا چىققۇدەك ۋاقىت چىقىرالىدىم. نەچچە كۈندىن بۇيان بلوگنى يوقلاپ تۇرغانلارغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. نەچچە كۈن بۇرۇن بىخلان ئەپەندىنىڭ بىلىككە يوللىغان تېمىسىنى كۆرۈپ بۇ تېمىنى بلوگدا تەڭ بەھىرلەنمەكچى بولغان ئىدىم. نەچچە كۈن ئىشلىتىش جەريانىدا، بىخلان ئەپەندىنىڭ تەرجىمە قىلغان تىل بولىقىنى قاچىلىغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى كۆرۈشنىڭ كومپىيۇتېردا كۆرگەندىنمۇ چىرايلىق بولغانلىقىنى بايقىدىم. تۆۋەندە بۇنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئايفون 4 – ئايفون ئىشلىتىپ باقمىغانلار ئەمەس، بەلكى ئىلگىرى كونا نەشىردىكى ئايفون ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلارنىڭمۇ ئىشلەتكۈسى كېلىدىغان ئاجايىپ سۈزۈك ئېكرانغا ئېگە. ئايفون بىلگىنىمىزدەك ئىنتايىن خاسلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات سېستىمىسىغا ئېگە بولغان، ئەڭ مۇھىمى قاچىلايدىغان پروگرامما ۋە ئويۇنلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ  ۋە سەرخىل ئىكەنلىكى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاللىشى بولىۋاتقان كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئېگە يان تېلىفۇندۇر. ئەگەر ئايفون 4 ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز بۇ جايلاردىكى ئالاھېدىلىكلەرنى بايقىيالىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر تېخى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز تېمىنى ئايفوننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش سۈپىتىدە چۈشىنىڭ.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئايفوننىڭ 4.0 سېستىمىسىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان  Game Center دەيدىغان بىر يېرى بار. بۇ ئايفونغا قاچىلايدىغان ئويۇنلارغا ئوينىغۇچىلارنى دۇنيا بويىچە دەرىجىگە تىزىپ بېرىدىغان ئالما شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىرى بولۇپ، بۇ ئويۇن سۇپىسىنى قوللايدىغان ئويۇنلارنى ئوينىغان چېغىمىزدا ئويۇندىكى ئېرىشكەن نومۇرىمىزغا ئاساسەن دۇنيا بويىچە قاتارغا تىزىپ دەرىجىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئايرىم تىزىملىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت iTunes تىكى ھېساۋات نومۇرى بىلەنلا كىرىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىكى ئىسىمنى  دەسلەپتە ئۆزىمىز توشقۇزىمىز. لېكىن كىيىن ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئالمىداشلار بار ئىكەن. بۇنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى تۆۋەندە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

داۋامىنى ئوقۇش »

سۈرەتكە تارتىش بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇنداق ئاددىي ئۇقۇم بولماسلىقى كېرەك. كەسپىي فوتوگرافنىڭ ئۆزىگە يارىشا يېتىلدۈرگەن ئوخشاش بولمىغان كەسپىي ئادەتلىرى بولىدۇ. ئۇلار مۇنتىزىم تەربىيىلەنگەن بولغانلىقتىن ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك فوتو سۈرەتچىلىك كەسپى تارىخىغا ئېگە بولغانلىقتىن بۇ ئادەتلەرنى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ. لېكىن بىزگە ئوخشاش بوۋاق دەۋرىدىكى ھەۋەسكارلار بۇ ئادەتلەرنى قانداق يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك؟ تۆۋەندە بۇ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

داۋامىنى ئوقۇش »

فوتو سۈرەتچىلىك كەسپىگە بىز ناھايىتى كىيىن كىرگەن كەسىپ بولغاچقا ئاساسەن ھەممە ئاتالغۇلار بىزگە ناتونۇش، ياكى بىر ئاڭلاپلا چۈشۈنەلىگۈدەك ئەمەس. شۇڭا بۇنىڭغا دائىر كۆپ ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچەم بويىچە ئىزاھ بېرىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.

داۋامىنى ئوقۇش »

يەككە رېفلېكىسنىڭ لېنزىلىرى ئۈستىدە مەنىسىنى بىلىپ بولمايدىغان ھەرخىل خەتلەر، سان-سىفىرلار بار. ئىقتىدارىنىڭ كۆپ-ئازلىقىغا ئاساسەن لېنزا ئۈسىتىدىمۇ نەچچە خىل كونۇپكىلار بولىدۇ. بۇلارنىڭ مەنىسى زادى  نېمە؟ قايسى خىلدىكى لېنزا بىزگە ئەڭ ماس كېلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە جاۋاپ لېنزىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان ئاشۇ سان-سىفىرلاردىنلا كېلىدۇ.  مەن بۈگۈن بۇ توغرىسىدا بىر – ئىككى ئېغىز بىلجىرلاپ باقاي. داۋامىنى ئوقۇش »

ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىزنىڭ دىيارىمىزغا كېچىكىپرەك كېلىشى بىلەن ئوموملىشىشمۇ سەل كىيىنرەك بولىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا يەنە ئىقتىسادى ئامىللارمۇ بار.  بىر قىسىم ئالمىداشلارنىڭ iTunes ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئويۇن، پروگراممىلارنى ئايفون ياكى ئايپەدلىرىگە قاچىلىيالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ توغرىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن بىرەر نەرسە بولمىغاچ ئازراق قىيىنچىلىققا يولۇقۇپتۇ. بۈگۈن بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى بىر-بىرلەپ رەسىملىك چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. داۋامىنى ئوقۇش »

سىفىرلىق ئاپاراتنىڭ تۈرلىرى (1) دېگەن تېمىمىزدا ئالدىنقى 3 تۈرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئېدۇق. بۈگۈنكىسى كۇلۇبىمىزدا ئاساسلىق مۇنازىرە قىلىشىدىغىنىمىز ۋە كەسپىيلىك دەرىجىسى بىر قەدەر ئۈستۈن بولغان تاق لېنزىلىق رېفلېكىسلىق ئاپارات.  بۇ ئەمدى قانداق گەپتۇ؟ ئىسمىغا قارىساق دەماللىققا بىرنەرسىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز بۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىسال ۋە زاغرا تىلىمىز بىلەن چۈشۈنۈپ ئۆتەيلى. داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش