كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ شەخسى ماشىنا بولۇش كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ماشىنا ئاسراش ۋە ھەيدەشتە قانداق نەرسىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئېھتىياج چۈشىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا سىز ماشىنا ھەيدىگەندە بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلامسىز؟ بەلكى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسى سىزگە ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن.

داۋامىنى ئوقۇش »

بىر مەزگىل بۇرۇن ئايفونغا مۇكەممەل ئۇيغۇرچە فونت تونۇتۇش توغرىسىدا بىر تېما يوللىغان ئېدىم. فونت تونۇتۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قورالى بولمىغاچقا مەخسۇس ئايفون ئۈچۈن ناھايىتى ئاددىي بولغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساپ يوللاپ قويغاندىن بۇيان، ھەر كۈنى نەچچە ئون ئايفونداشلارنىڭ نەچچە يۈز قېتىملىق ھاجىتىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

ھەممىمىزگە ئايان. ھاۋا تۇتۇق ۋاقىتتا رەڭ ئېلىمىنت پەرقى كىچىك ۋە روشەن كۆرۈنگەن سايە بولمايدۇ. كۈن نۇرى ئاستىدىكىدەك قاراڭغۇ يەرلىرى قاراڭغۇ، يورۇق جايلىرى زىيادە يورۇق بولىدىغان ئەھۋالمۇ بولمايدۇ. ھاۋا تۇتۇق ۋاقىتتا تارتقان سۈرەت كىشىگە كۈچلۈك رەڭ تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ. چۈنكى ئاسمان پارچە-پارچە ئاق بۇلۇتلىرى بار كۆك ئاسمان بولماستىن كۈلرەڭ ھالەتتە بولىدۇ. بۇ بەلكى كۆرگۈچىگە تازا ھوزۇر بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈرەتكە تارتقاندا كۈلرەڭ ئاسماننىڭ سۈرەتتىكى ئورنىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئۇنىڭغا جاينى كۆپ بېرىۋەتمەسلىك كېرەك.

داۋامىنى ئوقۇش »

بىر پارچە سۈرەتنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر ئېلىمېنتنىڭ پۈتۈن بىر مەزمۇننى ئىپادە قىلغاندىكى جەريانىدا، بىر پۈتۈن گەۋدىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا ئېتىۋار بېرىشمۇ ناھايىتى مۇھىم بىر باسقۇچ. بۇ بىۋاستە رەسىمنىڭ قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، سۈرەتنىڭ تىپىك زوق بېرىش دەرىجىسىگىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ھەممىنىڭ تەڭپۇڭ بولىشى، تولۇق بولىشى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن تۇرمۇشتىن بۇيان تەبىئىي ھاسىل بولغان پىسخىك ئالاھېدىلىكى. شۇڭا كىشىلەر بىر پارچە سۈرەتتىن زوقلانغان ۋاقىتتا بۇ خىل پىسخىكا تەبىئىي ھالدا باھاغا كىرىشىپ كېتىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئالدىنقى تېمىمىزدا ئايفونغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈنكىسى ئۇ تېمىنىڭ داۋامى. بۇلارنى بۇرۇن سىز بىلىپ بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن سۆزلىگىنىم بوپقالسۇن. ئايفون قولىڭىزدا ئىسراپ بولمىسۇن. چۈنكى ئۇ ئەرزان نەرسە ئەمەس، ئازراق بولسىمۇ مېغىزىنى چېقىش كېرەك، ئەلۋەتتە!

داۋامىنى ئوقۇش »

ئايفوننىڭ ئۆزىدىكى ھېساپلىغۇچتا كومپىيۇتېردىكى Backspace كە ئوخشاش 1 تال 1 تالدىن ئۆچۈرىدىغان كونۇپكا يوق، پەقەت C ياكى AC لا بار. لېكىن بۇنى باسساق ساننىڭ ھەممىسى ئۆچۈپ كېتىدۇ. سىز بىر تال بىر تالدىن ئۆچۈرەلمىگېنىڭىزدىن ئەپسۇسلانغانمىدىڭىز؟ بۇنىڭ ئامالى بار ئىدى. لېكىن سىز بۇنى ماڭا ئوخشاشلا بايقىيالماي قاپسىز خالاس.

داۋامىنى ئوقۇش »

ھەر قېتىملىق تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئۆزىگە يارىشا يەنە كەمچىللىكلىرى بولىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئەسلى نورمال بولغان نەرسىگە يەتمەيدۇدە. ئىلگىرىكى مۇكەممەلسىزلىكتىن ھازىرقى مۇكەممەللىككە تەرەققى قىلغىنى بىلەن Greenpois0n نى ئىشلىتىپ تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن قوزغالغاندا كۆرىنىدىغان يېشىل رەڭلىك ئىسكىلىتنىڭ بەلگىسى ئادەمنىڭ سەل ئىچىنى ئېلەشتۈرىدۇ. بۇنى سىزنىڭ ئەسلىدىكى ئالمىنىڭ رەسىمىگە ئۆزگەرتىش ئويىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا سىز بۇ ئامالنى ئىشلىتىڭ.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئايفون يېشىش گورۇپپىسى Chronic Dev Team يېقىندا ئالما مەشغۇلات سېستىمىسى (iOS) نىڭ 4.2.1 نۇسقىسى قاچىلانغان ئايفون، ئايپەد، ئايتاچ،   AppleTV 2 (بۇنى RC6 نۇسقىسى يېشەلەيدۇ) قاتارلىق ئالما مەھسۇلاتلىرىنى يېشەلەيدىغان Greenpois0n RC5 نامىدىكى يېشىش پروگراممىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان يېشىش پروگراممىسى ئۆتكەن يىل iPhone Dev Team گورۇپپىسىنىڭ Redsn0w 0.9.6b4 يەشكۈچىسىدىن  كىيىن ئېلان قىلىنغان ئەڭ مۇكەممەل يەشكۈچ ھېساپلىنىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش