تۈرمىدىن قاچۇرغانلارغا ئاتاپ يېزىپ كېلىۋاتقان يازمىلار يېقىندىن بۇيان ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بىر مەزگىل توختاپمۇ قالدى. ئاخشام سىنغا ئېلىشقا ئازراق ۋاقىت چىقىرالاپتىكەنمەن، يەنە بۇ دەرسلىكنى تەييارلىدىم. ئەگەر سىزنىڭ ئايفونىڭىزدا باشقىلارنىڭ كۆرىشىنى خالىمايدىغان مەخپىي نەرسىلەر بوپقالسا بۈگۈنكى بۇ ياماق سىز ئۈچۈن تولىمۇ قوللىنىشچان.
مۇشۇ تېمىدىكى بىر قاتار يازمىلارنى كۆپچىلىك قىزغىنلىق بىلەن كۆرىۋاتىدۇ. سىلەرگە پايدىسى ئوبدان تەگكەن بولسا مېنىڭمۇ ھاردۇقۇم چىقىدۇ، ئەلۋەتتە. ئالدىنقى تېمىدىكى بىرقانچە ئەپلەر چوقۇم سىلەرگە ياقتى، شۇنداقمۇ؟ بۈگۈنكىسى ئۇلاردىنمۇ ئىسىل! ھەقىقەتەن پەچەت ئەپ! چۈنكى بۇ - راستىنلا پەچەت ئەپ!
تۈرمىدىن قاچۇرۇش جۇڭگودا %90 لىك نەتىجە بىلەن پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرسا كېرەك. لېكىن كۆپ قىسىم كىشىلەر ئايفوننى بازاردىن ئېلىپ تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ يوق ھېساپلاشماستىن بىلمەيلا ئىشلىتىۋېرىدىكەن. مەن بۇنداق ئادەمدىن خېلى كۆپلىرىنى ئۇچراتتىم. تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ياخشى، قاچۇرغانكەن قاچۇرغاندەك ئىشلىتىپ ئاچچىقىنى چىقارغانمۇ ياخشى. تاز بولساڭ گەدەنگىچە …
ئالدىنقى تېمىدا چەكسىز دوك ئايكونىنى قانداق قىلىدىغانلىق توغرىسىدا توختالغان ئېدۇق. Cydia قۇرغۇچىسى Saurik نىڭ ئايفونىنى كۆرگەنمىدىڭلار؟ ئۇنىڭ ئايفونىدا يەنە بىر خىل ئۈنۈم بار. بەت ئۆرۈگەندە قىستۇرما رەسىمگە ئوخشاش تولىمۇ چىرايلىق ئۈنۈم پەيدا بولىدۇ. بۇ ئۈنۈممۇ ئوخشاشلا تۈرمىدىن قاچۇرغان iDevice لار ئۈچۈندۇر. ئەگەر سىزمۇ تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز بۇ ئۈنۈمنى قوشمىسىڭىز ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغان بولىسىز!
سىز تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېگەن بۇ ئۇقۇمغا يېڭى ئەمەسقۇ دەيمەن؟ ئەگەر سىز ئالما مەھسۇلاتلىرىغا يېڭى بولسىڭىز بۇ ئاتالغۇ سىزنىڭ ئىزدىنىپ كۆرىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ. چۈنكى بۇ سىزگە يېڭىچە بىر ئالما مەھسۇلاتى تەمىن ئېتىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز ئايفوننىڭ بۇ تەرەپلىرى بىلەن تازا ھەپىلىشىپ كېتىشنى خالىمىسىڭىز ۋەياكى بىلمىسىڭىز، سېستىمىدىن چاتاق چىقىش دېگەندەك بىرقىسىم ئەھۋاللارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيىنىدىن ئەنسىرىسىڭىز سىزگە تۈرمىدىن قاچۇرۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولغان بولسىڭىز قېنى مەرھەمەت! ئايفونىڭىز پەقەت بۇنچىلىكلا ئەمەس! ئۇ ھەقىقەتەن ئىسىل!
تۈرمىدىن قاچۇرۇرۇپ باققانلا كىشى بولسا ئېكرانىدا Cydia دېگەن نامدىكى جىگەررەڭ بۇ بەلگىنى چوقۇم ئۇچراتقانغۇ دەيمەن. iPhone (ئەمەلىيەتتە iPod touch ۋە iPad قاتارلىق iDevice لارنىڭ ھەممىسى) بىلەن دەسلەپ تونۇشقانلار ئۈچۈن بۇ يات بىر ئۇقۇم بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىنى ئېچىپ دەسلەپتە ھېچنىمىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. بۈگۈن بىز بىرلىكتە بۇنىڭغا خاتىمە بېرەيلى!
ئالدىنقى تېمىدا قوللىنىش توغرىسىدا 高德导航 نىڭ بىر قىسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سۈرەتلىك كۆرۈپ ئۆتكەن ئېدۇق. بۈگۈن بۇنىڭ داۋامىنى يوللاشقا نىسىپ بوپتۇ. ئاستىدا چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەندى.
ماشىنىنىڭ چاقىدىمۇ خېلى كۆپ بىلىملەر بار. چاق ئۈستىگە يېزىلغان سان-سىفىرلاردىن چاقنىڭ تىپ ئايرىمىسىنى، بەنداش چوڭلىقىنى، كەڭلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ نەرسىلەر قايسى ئورۇنغا قانداق يېزىلغان؟ ئۇنىڭ بىرلىكى نېمە؟
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار