پاسىبان كۇلۇبى » ئەقىل سىناش | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 Mac مۇھىتىدىكى يەنە بىر ئويۇن ھەقسىز (نىنجا توخۇلار) /201103131339.html /201103131339.html#comments Sun, 13 Mar 2011 13:21:11 +0000 پاسىبان /?p=1339 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى
无觅 ]]>

نىنجا توخۇلار ناملىق بۇ ئويۇننىڭ ئايفون نۇسقىسى بار ئىدى. ئىلگىرى ئايفون نۇسقىسىنى ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتىدا مەن تەۋسىيە قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۇنىڭ Mac كومپىيۇتىرىدا ئىجرا بولىدىغان نۇسقىسىنى يېڭىدىن بازارغا سالغانلىقتىن ھەقسىز چۈشۈرۈش پائالىيتى يولغا قويۇلۇپتۇ. ئايفوندا ئويناپ باققانلار بولسا بىلىدۇ. ھەر ھالدا بەلەن ئويۇن. Mac ئىشلىتىۋاتقان ئالمىچىلار بىكارلىق بولغاندىن كىيىن ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغاي …

بۇ چوڭ ئادەمگە بەك ماس كېلىپ كەتمەيدىغان ئويۇن. بالىلىرىڭىز بولسا ياكى كىچىكرەك ئۇكىلىرىڭىز بولسا ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېچىشقا بولىدىغان ئويۇن.

ياش توخۇلار ئۆزىنىڭ نىنجا ھاياتىدا يېڭى بىر سەپەرنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ھەر بىرى ئۆزىنىڭ تەئەللۇق بولغان جايىنى تېپىۋېلىشى كېرەك. سىز ئۇلارغا ئازراق ياردەم قىلالاسىزمۇ؟

ئويۇندا بىر قانچە ئاددى قائىدە بار بولۇپ، رەڭگىگە ئاساسەن ئۇنىڭ تىپىنى ئايرىپ مۇۋاپىق جايغا يۆتكەيسىز. ئەگەر چوشقا ئۇچرىسا ئۇنى نىشان رايونىغا يۆتكەيسىز. بومبا كۆرگەندە ئۇنى باسمايسىز. سەۋەبى ناھايىتى ئېنىق.

ئويۇن ئىسمى: Ninja Chicken for Mac

ماس كېلىدىغان مۇھىت : Mac

چوڭلۇقى : 67.6 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201103131339.html/feed 0
تەۋسىيە: كاللا ئىشلىتىدىغان يەنە بىر فىزىكىلىق پەچەت ئويۇن – Enigmo2 /201103111316.html /201103111316.html#comments Fri, 11 Mar 2011 02:07:05 +0000 پاسىبان /?p=1316 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە: رېتىنا ئىكرانغا ماس سۈزۈك ئويۇن – Van Pershing

تەۋسىيە: مەن ياخشى كۆرىدىغان ئويۇن Sentinel 2

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ (2) – ئالۋاستى گېتار
无觅 ]]>

بۇ خەق نېمە بولاۋاتىدىكىن تاڭ، iPad2 نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ھەممىسى ياخشى ئويۇنلىرىنى ئايىماي ئوتتۇرىغا تۆككىلى تۇردى. ئايىغى ياراشتى جۇمۇ iPad2 نىڭ. Enigmo2 ئالما بازىرىدا ئىنتايىن بازارلىق ئويۇن بولۇپ، 2008-يىللىق Apple ئەڭ ياخشى ئويۇنى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. AppStore دا 2.99$ دىن ھېلىھەم ياخشى سېتىلىۋاتقان ئويۇن ئىدى. بۈگۈن بۇ كاتتا ئويۇن سوۋغا سۈپىتىدە ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىپتۇ. فىزىكىلىق ئويۇنلارنى ئويناۋېرىپ ئالىم بوپ كېتىدىغان بولدىڭىزدە!

Enigmo2 (سېھىرلىك سۇ تامچىسى) ئويۇنى فىزىكىلىق سىر يېشىش تۈرىگە تەۋە. كاللا ئىشلىتىپ ئەقىل-ئىدراك چېنىقتۇرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئېگە. چوڭراق ياشتىكى بالىڭىزغا ماس كېلىدۇ. كۆرۈنمە يۈزى 3D لىك بولۇپ، بۇرۇنقى نەشىرىگە قارىغاندا كۆپ غايىۋانە لايىھەلەنگەن. قوشۇلغان مۇزىكىسى بىلەن قويۇق فانتازىيە تۈسىنى بېرىدۇ.

Enigmo2 غا Universal تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولغاچقا، iPhone ۋە iPad ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراقلا ھەر ئىككىسىگە ماس كېلىدۇ.

سىزگە بېرىلگەن ئوخشىمىغان قوراللار ئارقىلىق ھەرخىل رەڭدىكى سۇ تامچىلىرىنى ئوخشاش رەڭلىك قۇتىغا كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. سول تەرەپ ئاستىدا سىزگە بېرىلگەن سايمان-جابدۇقلارنى تاپالايسىز. ئارقا-ئارقىدىن 40 تامچە كىرگۈزىشىڭىز كېرەك. ئارىلىقتا ئۈزۈلۈپ قالسا قۇتىدىكى سۇ «قۇرۇپ كېتىپ» قايتا كىرگۈزۈش كېرەك بوپقالىدۇ.

ئويۇن GameCenter سۇپىسىنى قوللايدۇ. نومۇرىڭىزنى دوست-بۇرادەرلىرىڭىز بىلەن رەتكە تىزالايسىز.

ئويۇن ئىسمى : Enigmo2

ياسىغان شىركەت : Pangea Software

قوللايدىغان سۇپا : Game Center

ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش

چوڭلۇقى : 11.3 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : (ئايفون ۋە ئايپەد ئۈچۈن ئورتاق)

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201103111316.html/feed 0
تەۋسىيە: پەچچەت ئەقىل سىناش ئويۇنى – مېنى چىقىرىۋەت /201103071288.html /201103071288.html#comments Mon, 07 Mar 2011 15:10:53 +0000 پاسىبان /?p=1288 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە: App Store دىكى پەچەت ئەپ
无觅 ]]>

مونو ئويۇننىڭ كۆرۈنۈش يۈزى تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ، مىڭە ئىشلىتىپ ئەقىل سىنايدىغان ئويۇنغا ئامراقلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويسا بولمايدىغان ياخشى تاللىشى. قاۋۇل كەلگەن كۋادرات شەكىللىك ياغاچنى، رامكا ئىچىدىكى قىستا-قىستاڭلار ئارىسىدىن يۆتكەپ ئاستىدىكى تۆشۈكتىن چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ.

جەمئىي 120 ئۆتكەل بولۇپ، ياسىغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە ھەر ئايدا يېڭى ئۆتكەللەرنى ياساپ يېڭىلاپ تۇرىدىكەن. بۇنى ھازىر ھەقسىز چۈشىرىۋالسىڭىز، بۇندىن كىيىن مەڭگۈ ھەقسىز بەھرىمەن بولالايسىز دېگەن گەپ.

يېنىۋېلىش (Undo) كونۇپكىسىمۇ كەم ئەمەس. خاتا مېڭىپ قالسىڭىز بۇنى باسسىڭىز بولىدۇ.

نومۇر ھېساپلىغاندا يۆتكەش قېتىم سانىڭىزنى ھېساپلايدۇ. ئىلاجنىڭ بېرىچە ئارتۇقچە يۆتكەشلەردىن خالىي بولۇشىڭىز كېرەك.

ئويۇن ئىسمى : Get Me Out

ياسىغان شىركەت : Mapiz INC

ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش

چوڭلۇقى : 2.7 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201103071288.html/feed 9
يېڭىچە ئەقىل سىناش ئويۇنى – Twistrix /201103011201.html /201103011201.html#comments Tue, 01 Mar 2011 06:22:19 +0000 پاسىبان /?p=1201 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient
无觅 ]]>

ئەقىل سىناش ئويۇنلىرى ئايفوننىڭ ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇ تۈردىكى ئويۇنلارنى ئويناش بىلەن كاللىمىزنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىتىش بىلەن بىرگە ئويۇندىن ھوزۇرلىنىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز. Twistrix ناملىق بۇ ئويۇن يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى ئويۇن بولۇپ، بوغۇملىرى ئايلىنىدىغان ئۇزۇنچاق نەرسىنىڭ ئۈستىدىكى رەڭلەرنى بىر يەرگە ئەكىلىش ئارقىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتىمىز. نىمانداق ئاسان بۇ دەپ قالماڭ. ئاخىرىغىچە چىقالىغاننى نوچى دەيمىز.

بۇ ئويۇننىڭ كۆرۈنىشى 3D لىك،  فىزىكىلىق تېپىشماق تېپىش تۈرىگە تەۋە. 1 بوغۇمدا يۆتكەشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن رەڭ شارچىلىرى بولمايدۇ. شۇ قۇرۇق جايغا شارلىرىمىزنى يۆتكەپ تۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ ئەكىلىپ ھەممە رەڭنى بىر خىللاشتۇرساق ئۆتكەلدىن ئۆتەلەيمىز.

ئەقىل سىناش ئويۇنىغا ئامراق دوسلارغا بۇ ئويۇن يېڭىلىق ھېساپلىنىدۇ. شۇنچە قاملاشقان ئويۇن ئارانلا 4.4 مېگابايت كېلىدۇ. قولدىن بېرىپ قويمىغۇلۇق .

ئويۇن ئىسمى : Twistrix

ياسىغان شىركەت : Avallon Alliance Ltd

ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش

چوڭلۇقى : 4.4 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201103011201.html/feed 0
تەۋسىيە : نادىر ئويۇن – Fragger Desert Strike /201101311001.html /201101311001.html#comments Mon, 31 Jan 2011 16:00:47 +0000 پاسىبان /?p=1001 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟
无觅 ]]>

مونوسى داڭلىق ئويۇن ئىشلەش شىركىتى Miniclip.com نىڭ نادىر ئەسىرى بولۇپ، AppStore دا ئىنتايىن بازارلىق ئويۇن ئىدى. پېقىرمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرگەن پەچەت ئويۇن. بىر مەزگىللەردە كىرىشىپلا كەتكەن ئىدىم. ئۇ چاغدا 91 تېلفۇن ياردەمچىسى ئارقىلىق چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ئېدىم. نېمىلا دېگەن بىلەن ئەسلى زاۋۇتنىڭكىگە يېتەمدۇ؟ بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپتۇ. دەرھال چۈشۈرىۋالغايسىز.

ئويۇن باشتىن ئاخىر قىزىقارلىق ۋە ئوماق كۆرۈنۈشلىرى بىلەن سىزنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئويۇندا بىز تېرورچىلارغا قارشى زەربىدار بولۇپ ئالدىن بېرىلگەن سانى چەكلىك بومبا ئارقىلىق ھەممە تېرورچىلارنى پارتىلىتىپ تۈگىتىمىز. بۇ جەرياندا خېلى ئەقىل ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇمۇ ئويۇننىڭ سىزنى رام قىلىۋېلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ.

بۇ ئويۇننىڭ بۈگۈنكى ھەقسىز تارقاتقىنى بۇرۇنقىسىغا سەل ئوخشىمايدىكەن. ئەسلى نەشىرىنىڭ ھەقسىز نۇسقىسى ئەمەس ئوخشايدۇ. لېكىن يەنىلا ساقلىۋېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىسىل ئويۇن. ئايفون 4 نىڭ رېتىنا ئېكرانىغا ماس كېلىدىغان يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى ئويۇن. جەمئىي 40 ئۆتكەل بار. قېنى، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ نادىر ئويۇننى قاچۇرۇپ قويماڭ.

ئويۇن ئىسمى : Fragger Desert Strike

ياسىغان شىركەت : MiniClip SA

ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش

قوللايدىغان سۇپا : Game Center

چوڭلۇقى : 14.2 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201101311001.html/feed 3
ماتىماتىكىلىق ئەقىل سىناش ئويۇنى Math Race /20110116888.html /20110116888.html#comments Sun, 16 Jan 2011 03:55:21 +0000 پاسىبان /?p=888 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

تەۋسىيە: يۈرەك سوقۇشنى ئۆلچەشكە پەقەت iPhone بولسىلا بولدى
无觅 ]]>

يېقىندىن بۇيان ھەقسىز بولىۋاتقان ئويۇنلارنىڭ كۆپرەكى ئەقىل سىناش، چوڭ مىڭە چېنىقتۇرۇش دېگەندەك ئويۇنلار بولىۋاتىدۇ. ماۋۇ ماتىماتىكىلىق ھېساپلاش مۇسابىقە ئويۇنىمۇ ئادەمنىڭ مېڭىسىنى بىلەيدىغان ئويۇننىڭ بىرىكەن. چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم. ئۆزى كىچىك بولسىمۇ خېلى ئۈنۈملۈك ئويۇندەك قىلىدۇ. ئەڭ كەلگەن يېرى، ئىككى كىشى بىرلا ۋاقىتتا ئوينىغىلى بولىدىكەن. قېنى، ماتىماتىكلار ئۆزىڭىزنىڭ زادى قانچىلىك سۈرئەتتە قارشى تەرەپنى يېڭەلەيدىغانلىقىڭىزنى بى سىناپ كۆرۈڭ !

3 خىل قىيىنلىق دەرىجىسىنى ۋە 4 خىل ئەمەلنى تاللاپ ئويۇننى باشلايمىز. كۆرۈنۈشكە يېشىل رەڭنى ئىشلەتكەن بولۇپ، كۆزنى ئاغرىتمايدۇ.

ئويۇن ئىسمى : Math Race

ياسىغان شىركەت : Vahram Mirzoyan

ئويۇن تۈرى :  ئەقىل سىناش

چوڭلۇقى: 0.4  MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى:

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

* تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ياكى ئايپەد ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110116888.html/feed 0
بۇنداق رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنىنى ئوينىغانما؟ /20110115867.html /20110115867.html#comments Sat, 15 Jan 2011 08:37:04 +0000 پاسىبان /?p=867 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

ئايفوننىڭ ئۆزگىچە تەگلىكىدىن بىرنەچچە تال
无觅 ]]>

رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنلىرىنى ئويناپ باققانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. لېكىن بۇ شەكىلدىكىسىنى چوقۇم ئويناپ باقمىغانغۇ دەيمەن؟ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان بۇ خىلدىكى رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنىنىڭ ئىسمى FLUP . بۇ ئويۇننى ئويناڭ دەپ كاللىڭىزنى سەل قىيناپ قويۇدىغان بولدۇق. ئەپۇ قىلاسىز…

بۇ ئېنىقكى، ئەقىل سىناش ئويۇنى. ئىلگىرىكى كلاسسىك رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنىدىن بىر بالداق ئۈستۈن تۇرىدۇ. يۆكىلىشى سىترىئولۇق. لېكىن باشقۇرۇش ئىنتايىن قولاي. كاتەكچىلەرنى يۆتكەپ، موللاق ئاتقۇزۇپ، سول تەرەپتىكى شەكىلنى ھاسىل قىلسىڭىزلا بولدى.

كاتەكچىنى بىر چەكسىڭىز سۈرىلىدۇ. قولىڭىز بىلەن تارتىپ يۆتكىسىڭىز موللاق ئېتىپ يۆتكىلىدۇ. جەمئىي36 ئۆتكەل. قېنى، ئەقلىڭىزنى ئىشقا سېلىپ ئويۇنغا چۈشۈپ كېتىڭ ئەمىسە…


ئويۇن ئىسمى : FLUP

ياسىغان شىركەت : SORTA PRECISION TECHNOLOGIES

ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش

چوڭلۇقى: 37.9  MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى:

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

* تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ياكى ئايپەد ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110115867.html/feed 1
پەقەت بىر كۈنلا ھەقسىز! ئايفوننى قولىڭىزغا ئېلىپ دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ /20110114823.html /20110114823.html#comments Fri, 14 Jan 2011 13:17:45 +0000 پاسىبان /?p=823 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient
无觅 ]]>
بۈگۈنكى ماۋۇمۇ يەنىلا ئەقىل سىناش ئويۇنلىرىغا تەۋە ئويۇن.  كۆرىنىشىنىڭ سۈزۈكلىكىدە گەپ يوق . لېكىن قىيىنلىق دەرىجىسى سەل يۇقىرى. ئايفون 4 نىڭ سۈزۈك ئېكرانىغا ماسلىشىدىغان سۈزۈك كۆرىنىشكە ئېگە ئەقىل سىناش ئويۇنى. ئەگەر ھەر بىر ئۆتكەلدىن ئالماس ئېلىپ ئۆتەلىسىڭىز سىزدە ئادەتتىكى كىشىلەردە يوق بولغان ئالاھىدە تەرەققى قىلغان چوڭ مىڭە بارلىقىنى ئىسپاتلىغان بولىسىز.

بۇ ئويۇن ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى، ئىنكاسىنى ۋە قولىنىڭ ئىتتىك ئاستىلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك سىناقلاردا سىنايدىغان بولۇپ، ھەممە جەھەتتىن تەڭ ماسلىشىپ ماڭسىڭىز ئاندىن ئالماس ئالالايسىز.

ئىككى خىل ئويۇن ھالىتى، 45 ئۆتكەل سىزنىڭ ئېچىشىڭىزغا سۇنۇلغان. كۆرىنىشىنىڭ سۈزۈكلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، لېكىن چۈشەندۈرۈشى ئېنگلىزچە. تىلدىن قىينالمىسىڭىز بەلكى تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە يېتەلىشىڭىز مۇمكىن. قېنى، تەسىراتىڭىزنى ئورتاقلىشاسىز.

ئويۇن ئىسمى : 31 Touches Pro

ياسىغان شىركەت : Soon Gweon

ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش

چوڭلۇقى: 21.6 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى:

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

* تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ياكى ئايپەد ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110114823.html/feed 4
ئايپەد ئۈچۈن كاتتا سوۋغا Jules Verne’s Return to Mysterious Island /20110114814.html /20110114814.html#comments Fri, 14 Jan 2011 12:27:35 +0000 پاسىبان /?p=814 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

سېستىما يېڭىلاشتىكى تەجرىبىلىرىم ( 1013خاتالىقىنى ھەل قىلىش)

بىزنى تەقەززا قىلغان iOS 5 مانا!

ئايفوننىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىنى ياساش دەرسلىكى (فىلىملىك)
无觅 ]]>
بۈگۈنكىسى پەقەت ئايپەد ئۈچۈن چۈشۈرۈشكە بولىدىغان ئويۇن . ئويۇننىڭ ئىسمى Jules Verne’s Return to Mysterious Island – Deluxe Edition . بۇ ئويۇن سىر يىيىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ Jules Verne نامىلىق ھېكايىدىكى ۋەقەلىككە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. تەۋەككۈلچىلىك، ئەقىل سىناش، سىر يىيىش تۈرىدىكى ئويۇنغا تەۋە. بۇ خىلدىكى ئويۇن ئىچىدىكى 3D لىك كۆرۈنۈشتىكى كاتتا ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.

ئويۇندا بىز باش پىرسوناژ Mina نىڭ رولىنى ئالىمىز. Mina بىر قېتىملىق ساياھەتتە دېڭىزدا قاتتىق بوران-چاپقۇنغا ئۇچرايدۇ.

ئاندىن تىغ جېنى بىلەن بىر يىگانە ئارالغا كېلىپ قالىدۇ. ئۇ ئارالدا يۈرۈش جەريانىدا قەدىمكىلەر ئىشلەتكەن ھەرخىل نەرسىلەرنى، ئۆي ۋە خارابىلەرنى ئۇچرىتىدۇ. بۇلار ئىلگىرى بۇ ئارالغا باشقا كىشىلەرنىڭمۇ كېلىپ باققانلىقىنى بىلدۈرەتتى.

لېكىن Mina بىرەر كىشىنىمۇ ئۇچراتمايدۇ. ئۇ ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىپ ئورماندا ھايۋانلارنى ئوۋلاپ بىر مەزگىل تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندە Mina بىر نەرسە كەينىگە چۈشىۋالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلايدۇ.

ئۇ ئەسلى باشقا نەرسە ئەمەس، كاپىتان نېمونىڭ روھى ئىكەن. ئۇنىڭ جەسىتى دېڭىز ئاستىدىكى پاراخوتنىڭ ئىچىدە بولۇپ، مىنانىڭ ياردەملىشىپ ئۇنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزۇشىغا مۇھتاج بولىدۇ.

ئويۇن ئىسمى : Jules Verne’s Return to Mysterious Island – Deluxe Edition

ياسىغان شىركەت : Anuman Microids

ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش

چوڭلۇقى: 749 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى:

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

* تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ياكى ئايپەد ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110114814.html/feed 0
ئەقىل سىناش ئويۇنى – Jewelry Bubble /20101225359.html /20101225359.html#comments Sat, 25 Dec 2010 15:08:16 +0000 پاسىبان /?p=359 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient

ئايفوننىڭ باتارىيەسىدىن يەنە قاقشامسىز؟
无觅 ]]>

Jewelry دېگەن نامنى ئاڭلاپلا ئالماسقا مۇناسىۋەتلىك ئويۇن ئىكەنلىكىنى بىلدىڭىز ھەقىچان. بۇ خىلدىكى ئويۇنلارنىڭ كۆرىنىشىنىڭ كۆركەملىكى بىلەن ئويۇنخۇمارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ ئويۇن مۇشۇ تۈردىكى ئالماس ئويۇنلىرىنىڭ ئىچدە AppStore دىكى ياخشى ئويۇن سانىلىدۇ. 3 تىن ئارتۇق ئوخشاش رەڭلىك ئالماس بىر يەرگە كەلسە پارتىلايدۇ. ئىكراندىكى ھەممە ئالماسلار تۈگىگەندە بىر ئۆتكەل تامام بولغان بولىدۇ. ئىككى خىل قارغا ئېلىش ئۇسۇلى بار. ئۆزىنىڭ ھەجمىمۇ كىچىك. كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق بۇ ئويۇن تەتىل كۈنلىرىڭىزدىكى ئارامبەخش ئويۇنلارنى بىرى بوپقالغۇسى. ھەقسىز ۋاقتىدا چۈشۈرىۋېلىپ مېغىزىنى چېقىڭ.

ئويۇن كۆرۈنىشىدىن ئۈزۈندىلەر :

ئويۇن ئىسمى : Jewelry Bubble

ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش، ئارامبەخش

چوڭلۇقى : 9.8 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20101225359.html/feed 3