ستىۋ جوبسنىڭ كىسەل ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئەگەشكۈچىلىرى بۇ كىشى توغرىسىدىكى ھەرقانداق خەۋەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۈگۈن 56 ياشلىق ستىۋ جوبس ئالما باش شىركىتىدە پەيدا بوپتۇدەك. بۇ ئۇنىڭ قىزىققۇچىلىرى ئۈچۈن خۇشخەۋەر بولسا كېرەك.
Marina Bay Sands مېھمانخانىسى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت مىھمانخانىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قېيىق شەكىللىك مۇئەللەق باغچا قۇرۇلمىسىنى 55 قەۋەتلىك 3 «تۈۋرۈك» كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ مۇئەللەق باغچىنىڭ كۆلىمى 1 گېكتار بولۇپ، ئاستىدىكى 3 «تۈۋرۈك» ئارقىلىق بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈستىدە ناھايىتى گۈزەل ۋە نەپس بېزەلگەن گۈللۈك، رېستۇرانلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇ مۇئەللەقكە كۆلچەك ياساپمۇ ئۈلگۈرۈشكەن… بۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ سېنگاپور شەھىرىنى 360 گرادۇسلۇق ھالەتتە كۆرگىلى بولىدۇ.
چەتئەللىك بۇ سەنئەتكارنىڭ كوچىدىكى خىش ئۈستىگىلا سىزغان ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۇستا ماھارىتىگە قول قويمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. بۇ لەپتوپقا قاراڭ. سىترىئولۇق تۇيغۇ كۈچلۈكمىكەن؟ بۇ كىشى پەقەت مۇشۇ بىرقانچە بور ۋە بوياق قەلەملىرى بىلەن مۇشۇ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپتۇ. جەريانىنى بىللە كۆرۈپ ئۆتەمدۇق؟
ئالماخۇمارلار تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن تاختا كومپىيۇتېر 2-ئەۋلاد ئايپەد نۇسقىسى بۈگۈن ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئامېرىكا ۋاقتى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 2 دە) سان-فرانسېسكودا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىشمۇ ئاز ئەمەس. يېڭى ئايپەد تېخىمۇ چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى، تېخىمۇ سۈزۈك ئېكران، ئالما A5 بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە سۈزۈك كامىرا قاتارلىق يورۇق نوقتىلىرى بىلەن ئايپەدنىڭ ۋە ئالما شىركىتىنىڭ كىيىنكى تەرەققىيات نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى دېيىشكە بولىدۇ.
ئىلگىرى بىز Windows ئىچىدىكى تەييار ئاۋاز ھۆججەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ بىر پۈتۈن مۇزىكا قىلىپ قوراشتۇرۇپ چىققان فىلىملەرنى كۆرگەن ئېدۇق. قىلماس قىلىقى يوق تەسەۋۋۇرغا باي چەتئەللىكلەر يەنە جىم تۇرماي ماۋۇ قىزىقارلىق ئىشنىمۇ قىلىپ بېقىپتۇ. بىر ئەبكا Jeep ماشىنىدا مۇنداق سەنئەتنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقىنىنى سىز بايقىغانمىدىڭىز؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز سىندا بولسۇن.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقىتلىرى ئىدى. مۇشۇ ئويۇنغا ئاجايىپ بېرىلىپ كەتكەن ئىدىم. سىزنىڭمۇ بىر ۋاقىتلاردا دائىم كىرىۋالىدىغان شۇنداق بىر جاي بولغانغۇ دەيمەن؟ 铁拳 نامىدىكى بۇ يۈرۈشلۈك ئويۇنلار بىزنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسملىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئىسىل ئويۇنلىرى ئىدى. ھازىر كومپىيۇتېر ئويۇنلىرى ئاساسلىق ئويۇنىمىز بوپقالغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئويۇنلار بەك ئوينىلىپ كەتمەيدىغان بوپقالدى.
ئىزدىنىشتا بىر چاغدا «قەشقەرلىقنىڭ سېسىق گېپى» دەيدىغان ئاجايىپ قىززىغان بىر تېما بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاخىرىغا ھەرقايسىمىز ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن «سېسىق» گەپلەر قوشۇلۇپ بىر كىتاب يازغۇدەك نەرسىلەرمۇ يىغىلىپ قالغان ئىدى. شۇ تېمىدىكى ئاشۇ گەپلەرنى بەزىدە دوستلار ئارا ئولتۇرۇشلىرىمىزدا دىيىشىپ كۈلۈپ يېتىۋالاتتۇق. نەچچە كۈن بۇرۇن مېنىڭ ئەمدى 4 ياشقا كىرگەن ئوغلۇم دېگەن بۇ سۆزلەر مېنىڭ راسلا ھاردۇقۇمنى چىقاردى…
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار