پاسىبان كۇلۇبى » ئۇقۇم ماشىنىسى | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 جەنۋە كۆرگەزمىسىدىن ئالدىن خەۋەر – مازدا Minagi /20110120928.html /20110120928.html#comments Thu, 20 Jan 2011 14:16:22 +0000 پاسىبان /?p=928 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى
无觅 ]]>

تېخى ئەمدىلا ئاياقلاشقان دىترويىت كۆرگەزمىسىدىن كىيىنلا ئۇلىشىپ جەنۋە ماشىنا كۆرگەزمىسى باشلىنىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق قاتناشقۇچى شىركەت-كارخانىلار جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل ھەقىقەتەن ئالدىراشلا بىر يىل باشلىنىپ كەتتى. چۈنكى جەنۋەدە كۆرگەزمە ئاياقلاشقاندا 4-ئايدا يەنە شاڭخەيدە كۆرگەزمە باشلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئەڭ داڭلىق فرانكفورد ماشىنا كۆرگەزمىسى. مونوسى مازدانىڭ جەنۋە كۆرگەزمىسى ئۈچۈن تەييارلىغان ئۇقۇم ماشىنىسى Minagi ئىكەن.

بۇ قېتىمقى جەنۋە كۆرگەزمىسىدە خېلى يېڭىلىقلار بولىدىغاندەك. ياۋرۇپادىكى تۇنجى كۆرگەزمىگە مازدا تېخى چاڭگىسىدىن چىقارمىغان يېڭى ئۇقۇم ماشىنىسى Minagi نى قاتناشتۇرغۇدەك.

يېڭى Minagi توغرىسىدا ئۇچۇر كۆپ ئەمەسكەن. لېكىن بۇنىڭغا مازدانىڭ ئەي يېڭى لايىچەلىگەن تەگلىكىنى ۋە SkyActiv نامىدىكى ماتور ۋە كورۇپكا بىرلەشكەن يېڭى تېخنىكىسى قوللىنىشى مۇمكىنكەن. مازدانىڭ بۇ ماشىنىسى بەلكى Mazda CX نىڭ ئىزباسارى سۈپىتىدە Mazda CX-5 بولۇپ يېڭىدىن سەپكە قوشۇلۇشى مۇمكىنكەن. نېمىلا دېگەن بىلەن كۆرگەزمىگە قويۇدىغان ئەڭ يېڭى مەھسۇلات بولغانلىقتىن زاۋۇت تەرەپ بەك كۆپ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىگەن.

بۇ قېتىم مازدا كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرىدىغان ماشىنىلار :

ئۇقۇم ماشىنىسى

Minagi

Shinari

سېتىلىۋاتقان ماشىنىلار

Mazda2
Mazda3
Mazda5
Mazda6
Mazda MX-5
Mazda CX-7
Mazda BT-50

يېڭى تېخنىكىلار

Mazda SkyActiv-G سېلىندىر ئىچىگە بىۋاستە پۈركۈيدىغان بېنزىن ماتور

Mazda SkyActiv-D سېلىندىر ئىچىگە بىۋاستە پۈركۈيدىغان دېزىل ماتور

Mazda SkyActiv- Drive كورۇپكىسى

Mazda SkyActiv-MT قول خوت كورۇپكىسى

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110120928.html/feed 1
يېڭى پاجانى ئىتالىيەدىكى زاۋۇتى ئەتراپىدا پەيدا بولدى /20110114835.html /20110114835.html#comments Fri, 14 Jan 2011 14:55:52 +0000 پاسىبان /?p=835 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – چىقىرىش مىقدارى
无觅 ]]>

پاجانىنىڭ يېڭى ماشىنىسى C9 ھەققىدە نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر تېما يوللىغان ئېدىم. بۈگۈن توردا بۇ ماشىنىنى يولدا سىناق قىلغان چاغدا ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىۋالغان كۆرۈنىشى ئېلان قىلىنىپتۇ.

ئەسلىدە تەيۋەندىكى بىر تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى يۇتيۇبتىكى بۇ فىلىمنى خەۋەر قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئەسلى فىلىمنى ئىتالىيەلىك تورداش NM2255 يۇتيۇبقا يوللىغان ئىكەن.

پاجانىنىڭ بۇ يېڭى چاپقۇرىغا مېرسدېس بېنزنىڭ AMG سپورت تەتقىقات بۆلۈمى ئالاھىدە ياساپ بەرگەن V12 ماتور سەپلەنگەن. ئات كۈچى 700 دىن ئارتۇق. تولغىنىش مومېنتى 102 كېلوگرام.مېتىر

پاجانىنىڭ زوندا دەيدىغان بىر ماشىنىسى بولىدىغان. 2005-يىلى بېيجىڭدا 864،000 دوللارغا كېلىشىپ سېتىلغان. شۇ چاغدىكى خەلق پۇلىغا سۇندۇرساق 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىدى. شۇ قېتىملىق سودىدىن كىيىن پاجانى دېگەن بۇ ماركىنىڭ جۇڭگودىكى بىردىنبىر ماشىنىسى بولۇپ قالغان.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110114835.html/feed 3
GM نىڭ 2011-يىللىق Sierra HD ئۇقۇم ماشىنىسى /20110110749.html /20110110749.html#comments Mon, 10 Jan 2011 17:07:28 +0000 پاسىبان /?p=749 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟
无觅 ]]>

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر. بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان ئۆيدە بولالماي قېلىپ، بلوگ تاشلىنىپ قالدى. كەپ تۇرغىنىڭلارغا رەھمەت.

بۈگۈن تور بەتلەرنى ئاقتۇرۇپ قارىسام GMC نىڭ Sierra HD Concept دېگەن ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەسىملىرىنى ئېلان قىپتۇ. بەزىلىرىنى ئېكران تەگلىكى قىلىۋالساقمۇ بولىدىكەن. بۇنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

تولۇق نامى GMC Sierra All Terrain HD Concept بولغان بۇ ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ 2011 – يىللىق GMC Sierra Hd بىلەن بولغان كۆرىنەرلىك پەرقى ئالدى تەرەپتىكى سوۋۇتۇش سۇ ساندۇقىنىڭ تاشقى قېپى ئىكەن. يېڭىدىن ماتور قوغداش تەگلىكى قوشۇپتۇ.

20 سۇڭلۇق بەنداشقا مۇشۇ ماشىنا ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلىگەن BFGoodrich KM2 تىپلىق دالا چاقى قوشۇلۇپ 35 سۇڭ بولىدۇ.

بۇ چاق بىلەن ماشىنا يەنە بۇرۇنقىدىن 3 ئېنگلىز سۇڭى ئەتراپىدا ئېگىزلىگەن بولۇپ، ئېقىن ياكى ئېرىقلاردىن ئۆتۈشتىكى ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

ئۇقۇم ماشىنىسى مانا مۇشۇنىڭدەك كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ. خۇدا خالىسا شۇنداق بىر كۈنلەردە ئۆزىمىز بىر مەزگىللەردە رەسىمىنى كۆرۈپ يۈرگەن بىرەر ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ ئېگىسى بوپمۇ قالارمىز.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110110749.html/feed 8
2010-يىللىق 10 نادىر ئۇقۇم ماشىنىلىرى /20110104639.html /20110104639.html#comments Tue, 04 Jan 2011 14:40:20 +0000 پاسىبان /?p=639 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : تويوتا توكلۇق ئۇقۇم ماشىنىسى FT-EVII
无觅 ]]>

ئۇقۇم ماشىنىسى بىر زاۋۇتنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىدىن ياسالغان، كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان، دۇنيادا شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىدا ياسىلىدىغان نادىر تۈر، ئىسىل ئەسەردۇر. ئۇقۇم ماشىنىسى ئەڭ ئاۋال يەرمەنكىلەردە ئېلان قىلىنىدۇ. يەرمەنكىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقۇم ماشىنىلىرى ئەڭ تېز بولغاندا 2 يىلدىن كىيىن كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بەزىلىرى شۇ ھالەتتە نادىر ئەسەر سۈپىتىدە قېپقالىدۇ. رەسىمدىكى 10 ئۇقۇم ماشىنىسى 2010-يىلى ئىچىدە ئېلان قىلىنغان ماشىنىلار ئىچىدىن تاللانغان 10 نادىر ماشىنا بولۇپ باھالانغانلىرى.

بۇلار تەرتىپ بويىچە :

1. جېپ Nukizer

2. لوتۇس Esprit

3. ئالفا – رومىئو 2uettottanta

4. رېناۋلت Dezir

5. بېنزCLS Shooting Break

6. لەمبورگىنى Sesto Elemento

7. مازدا Shinari

8. جاگۇارC-X75

9. ئاۋدى Quattro

10. پورش 918 Spyder

دىققەت قىلغان بولسىڭىز بۇ تېمىدا ۋە ئالدىنقى مەزگىللەردە يوللىغان ئۇقۇم ماشىنىسىغا ئائىت تېمىلاردا  ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ نېمىلىكى، قانداق مەنا بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىپ بولغان بولىسىز. دېمەك، ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا تەۋە يەنە بىر ئاتالغۇغا ئىزاھات تامام.

رەسىم چوڭايتىش ئۇسۇلىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقان ئۇيغۇربەگ بۇرادىرىمىزگە تەشەككۈر!

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110104639.html/feed 2
BMW ئۇقۇم ماشىنىسى Vision Efficient Dynamics دۈبەيدە /20110103600.html /20110103600.html#comments Mon, 03 Jan 2011 14:40:29 +0000 پاسىبان /?p=600 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
BMW 5 نىڭ 535 ئات كۈچىلىك Hybrid ماشىنىسى

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

BMW X6 نىڭ Hybrid نۇسقىسىنى ياساش بېكار قىلىندى

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!
无觅 ]]>

ئۇقۇم ماشىنىسى بىر ماشىنا زاۋۇتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. BMW نىڭ  Vision Efficient Dynamics ناملىق بۇ ئۇقۇم ماشىنىسى فرانكفورت ماشىنا يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمىگە قويۇلغاندىن كىيىن ھەۋەسكارلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن ئېدى. بۈگۈنكى كۈنلەردە بولسا مۇھىت ئاسرايدىغان بۇ ئالاھىدە چاپقۇر خەلقئارا مەركىزى شەھەر دۈبەيدە پەيدا بوپتۇدەك.

بۇ ماشىنا 2+2  كىشىلىك قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، چايكا قانىتى شەكلىدىكى ئىشىكى بار. سىرتقى كۆرىنىشىنىڭ گۈزەللىكى  ئىلمىي فانتازىيەلىك كىنولاردىكى غايىۋانە ماشىنىلارنى ئەسلىتىدۇ. ماشىنا ئېگىزلىكى 1.24 مېتىر.  پۈتكۈل ماشىنا ئايرودىنامىكىغا ئاساسلىنىپ لايىھەلەنگەنلىكى ئۈچۈن قارشىلىقى پەقەت 0.22Cd .

ماتور قىسمىغا بولسا مۇھىت ئاسراشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان ھالدا 1.5 لېتىرلىق 3 سېلىندىرلىق تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق دېزىل ( سەلياركا) ماتور سەپلەنگەن. ئۇنىڭغا ئارقا چاقىغا ئورۇنلاشتۇرغان ياردەمچى ئېلىكتىر ماتور قوشۇلۇپ تۆۋەن سەرپىيات بىلەن يۇقىرى ئۈنۈمگە يىتەلەيدىغان ھەقىقى «غايىۋانە ماشىنا» مەيدانغا كەلگەن. ئېلىكتىر ماتور ۋە دېزىل ماتور بىرلىشىپ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا  356 ئات كۈچى چىقىرالايدۇ.

قوشۇلغان ئېلىكتىر ماتورنى 98 دانە جەمئىي 10.8 كېلوۋات سائەتلىك ھەجىمدىكى  لىتىيلىق باتارىيە توك بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ بۇ باتارىيەنىڭ ئېغىرلىقى ئاران 84.82 كېلوگرام. لىق توك قاچىلاش ئۈچۈن پەقەت 2.5 سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ماشىنىمۇ سىرتتىن توك بىلەن توك قاچىلاشقا بولىدىغان ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ئۇقۇم ماشىنىسى.  ساپ توك بىلەن يول يۈرگەندە 50 كېلومېتىر ئۇزۇنلۇققا بارالايدۇ.

ماي سەرپىياتى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، شۇنچە كۈچلۈك، شۇنچە ئىقتىدارلىق بۇ چاپقۇرنىڭ 100 كېلومېتىردىكى ماي سەرپىياتى پەقەت 3.75 لېتىر. BMW تەرەپنىڭ يەنە بىر مەلۇماتىدا 1 لېتىر دېزىل بىلەن 25 كېلومېتىر يول يۈرەلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئاران 24 لېتىرلىق ماي باكىغا لىق تولدۇرۇپ 700 كېلومېتىر يول يۈرگىلى بولىدۇ.  0-100 كېلومېتىرلىق سۈرئەتكە پەقەت 4.8 سېكونتتىلا چىقىپ بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى  250 km/h. بۇ سانلىق مەلۇماتلار BMW نىڭ بۇ جانۋارىنىڭ ھەقىقى ئەمەلىي كۈچىنى يورۇق ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

ياۋرۇپادا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ ماشىنىنىڭ سېتىلىش باھاسى 200 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئەڭ تېز بولغاندا  2013-يىللىرى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇمكىنكەن.  بۇ ماشىنىنىڭ دۈبەيدە پەيدا بولىشىدىن پۇلدارلار ئۈچۈن ئالاھىدە ياسىلىپ ئارقا ھويلىدا پۈتۈشكەن بولىشىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.

بۇ جانۋارنىڭ بىرقانچە پارچە چوڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

رەسىمنىڭ ئاخىرىنى بۇ جايدىن كۆرۈڭ.

ئەگەر يازمىلىرىمىز سىزگە يارىسا كۇلۇبىمىزنى  باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ. باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ. يازما ئادرىسى:

/20110103600.html

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110103600.html/feed 1
2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : تويوتا توكلۇق ئۇقۇم ماشىنىسى FT-EVII /20101228470.html /20101228470.html#comments Tue, 28 Dec 2010 16:44:33 +0000 پاسىبان /?p=470 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : 3-ئەۋلاد تويوتا پرىيۇس (TOYOTA PRIUS)

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : يىپيېڭى پولو
无觅 ]]>

بۇ يىلقى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە ئۇقۇم ماشىنىلىرىمۇ يىللاردىكىدىن كۆپ بولدى. بىر قاراشقا ئادەم لاسۋېگاس ماشىنا كۆرگەزمىسىگە كەپقالغاندەك ھېس قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئىشقىلىپ خېلى چوڭ كۆرگەزمىلەرگە ئوخشىدى. بۇ ماشىنىمۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان ئاشۇ ئۇقۇم ماشىنىلىرىنىڭ بىرى. ئەگەر كوچىدا مۇشۇ ماشىنىنى كۆرۈپ قالساق ھەممە ئادەم قاراپ، ماشىنا ھەيدەۋاتقانلار ئالدىدىكى ماشىنىغا ئۈسسۈسە، پىيادىلەر ئىستولبىغا… مانى ھەيدىگەن شوپۇر بولسا مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئاخسا ھەيدەپ كەتسە …

بەك خىيالى بوپ كەتتىممۇ قانداق؟

ئۇقۇم ماشىنىسى مۇشۇ سەۋەپلىك ھەممە يەرمەنكىلەردە ئەڭ قىزغىن كەيپىياتقا تولغان ھالەتنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.  تويوتانىڭ بۇ ماشىنىسى ھازىر ياۋورۇپادا بازارغا سېلىنىپ كاتتا ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەپچىل ماشىنا iQ نىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىپ ياسالغان بولۇپ، خاس ياشلار ياكى يېڭى توي قىلغانلارغا ماس كېلىدىغان ئائىلىۋى ئىخچام ماشىنا.

ماشىنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 2.73 مېتىر، كەڭلىكى 1.68 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.49 مېتىر. ئوق ئارىلىقى بولسا پەقەت 1.9 مېتىر. سەرەڭگە قېپىدەك مۇشۇ ماشىنىغا يەنە 4 ئادەم سىغىدىكەن.  تويوتا شىركىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە بۇنىڭغا كۈچلۈك ئېلىكتىر ماتور سەپلىنىدىكەن، ھەيدەش ئىنتايىن قولاي بولۇپ، بۇ ساھەدە يۇقىرى ئۈنۈملىك ماشىنا تۈرى بوپقالىدىكەن.

ماتور ۋە ماشىنىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا تەپسىلىي ئۇچۇرلار تېخى بېرىلمەپتۇ. بىر-ئىككى پارچە رەسىمىنى كۆرۈپ باقايلى:

* باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ . يازما ئادرىسى:

/20101228470.html

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20101228470.html/feed 3
ۋولكسۋاگېننىڭ تاكسى ئۇقۇم ماشىنىسى London Taxi Concept /20101217147.html /20101217147.html#comments Thu, 16 Dec 2010 18:25:07 +0000 پاسىبان /?p=147 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : تويوتا توكلۇق ئۇقۇم ماشىنىسى FT-EVII

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟
无觅 ]]>
VW Taxi Concept London

7 ئاي ئىلگىرى ۋولكسۋاگېنVolkswagen 大众“ خانوۋېر سودا يەرمەنكىسىدىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ Milano Taxi Concept دەپ ئاتىلىدىغان تاكسى ئۇقۇم ماشىنىسى تۈرىنى تەتقىق قىلىپ ياسايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن  ئېدى.  شۇ چاغدىكى مىلەن شەھىرىنىڭ يەرلىك پۇرىقىغا ئېگە بولغان بۇ تاكسى ماشىنا لايىھەسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 7 ئاي كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بولسا ۋولكسۋاگېن يەنە ئۇلاپلا ئۇنىڭ داۋامى بولمىش London Taxi Concept نى ئېلان قىلدى.بۇ ماشىنا ۋولكسۋاگېننىڭ تېخى بازارغا سېلىنمىغان Up! ۋە Lupo دېگەن ماشىنىلىرىنىڭ لايىھەسى ئاساسىدا Klaus Bischoff لايىھە گورۇپپىسى تەرىپىدىن مەيدانغا كەلگەن. كۆرىنىشى ئەنگىلىيەنىڭ Mini ماشىنىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سىرتقى ئۆلچىمى 3730mm X 1680mm X 1600 mm . ئەڭ يېڭى تىپتىكى بۇ تاكسىنىڭ ئىچىنىڭ راھەت، ئازادە ۋە  كەڭتاشالىقى تاكسىغا چىققۇچىلارنى چوقۇم ھوزۇر ھېس قىلدۇرالايدۇ.

VW Taxi Concept London

113 ئات كۈچىگە ئېگە بولغان ئېلىكتىر ماتور بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. ئەڭ يۇقىرى سۈرئېتى سائېتىگە تېخى 119 كىلومېتىر. بۇ پەقەت بىر تاكسى بولماستىن  يۇقىرى سەۋىيەلىك تېخنىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئەقىل پاراسەت مىۋىسى.

بۇ كاساپەتنىڭ يەنە  بىر قول قويۇشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، 1 سائەت ئىچىدە 80% توكنى قاچىلاپ بولالايدۇ. توكى تولۇق بىر قېتىم قاچىلانسا 300 كېلومېتىر يۈرەلەيدۇ. بۇ تەرىپى كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ-دە!

كۇلۇبىمىز سىلەرنىڭ قەدىمىڭلار بىلەن تېخىمۇ رەڭدار !

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20101217147.html/feed 0