iPad نى ئېلان قىلغۇچە قورقماي گەپ قىلىدىغان بىر گېپى بار. ئۇ بولسىمۇ iPad بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئېسىل بىر سوۋغا، ئېسىل بىر نەرسە. چۈنكى ئۇنىڭدا بالىلارنىڭ كاللىسىنى ئاچىدىغان، تەپەككۇرىنى ئويغىتىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئەپلەر بار. بۈگۈن قارىسام ماۋۇ ئەپمۇ دەل مۇشۇ تېمىغا ماسلىشىدىغان ئەپ ئىكەن.
«App Store دىكى پەچەت ئەپ» دېگەن بۇ يازمىمىزدا پاكىستان Pak Data تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى Quran Majeed نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. شۇ جەرياندا بۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ يوقلىغىدىن ئەپسۇسلىنىپ، كيىنكى نەشىرلىرىدە قوشۇلىشىنى ئۈمىد قىلىشقان ئىدۇق. ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن كىيىنكى نەشىرىدىلا بۇ ئىش روياپقا چىقىپتۇ!
ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ تېمىسىدىكى يازمىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بايا بۇ ئەپنى شۇنداقلا چۈشۈرۈپ قويۇپ كارىم بولماپتۇ. بىكارچىلىقتا قاچىلاپ ئويناپ كۆرسەم بۇ «ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ» ئىكەن ئەمەسمۇ؟ دەرھال تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى!
QR code بولسا خەنچە 二维码 دەپ ئاتىلىدىغان، يۇقارقىغا ئوخشاش ئۇششاق چىكىتلەرنىڭ تەرتىپلىك ئورۇنلىشىشىدىن تەركىپ تاپقان، ئىچىدە رەقەملا ئەمەس سان ۋە ھەرپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، مەخپىيلەشتۈرۈپ كۆرسىتىدىغان كود شەكلىنى كۆرسىتىدۇ.
يېقىندىن بۇيان مائارىپ ۋە پەرزەنت تەربىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەپلەر بىر-بىرلەپ ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقالغىلى تۇردى. 3D لىك ھىكايە ئوقۇشلۇقى خاراكتىرىنى ئالغان ئۇزۇن چاچلىق مەلىكە ناملىق بۇ ئەپ، كىچىك بالىلارنىڭ چوقۇم ياقتۇرىشىغا ئېرىشكۈدەك. مەزمۇنى گەرچە ئېنگلىزچە بولسىمۇ، رەڭگارەڭ گۈزەل كۆرۈنۈشلۈك سۈرەتلەر بالىلارغا ئۆزگىچە تەسىر ئاتا قىلالايدىغۇ دەيمەن.
مەن ئۆزۈم رەسىمگە مۇناسىۋەتلىك ئەپ بولسا ئىزدەپ يۈرۈيمەن. يارىغانلىرىنى چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويىمەن. بۈگۈن قارىسام ArcFrame دەپ ئاتىلىدىغان ماۋۇ ئەپ تېخىچە ۋاقىتلىق ھەقسىز ھالەتتە ئىكەن. ئېھتىياجى بار دوستلار بوپقالسا ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتمەي پايدىلىنىشقا چۈشۈرۈپ قويسا بولغۇدەك.
iPad ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ياكى ئويۇن ياساش شىركەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن بۇ تاختايغا ئەپ ياساشقا باشلىدى. ئالدىنقى تېمىمىزدا كىچىك بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بىر ئەپنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق (ئۇلىنىش). بۈگۈنكى بۇ ئەپتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋاز، رەڭ، رەسىم قاتارلىق ئېلىمېنتلار تولۇق بولغان ئېسىل بىر ئەپ ئىكەن.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار