ئەتىگەندە قارىسام بۇ ئىككى ئويۇننى ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىپتۇ. ھەر ئىككىلىسى Universal بولۇپ، ئايفون، ئايتاچ ۋە ئايپەد ھەممىسىگە ئورتاق. بىرى 3D لىك جەڭ ئويۇنى. 使命召唤 گە ئوخشاش ئۇنداق ھوزۇرنى بېرەلمىسىمۇ دەمال شۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدۇ. يەنە بىرسى بولسا 2D لىك بولغىنى بىلەن ناھايىتىمۇ قىزىقارلىق ئويۇن. ھەر ئىككىلىسى ساقلاپ قويىدىغان ياخشى ئويۇنلار ئىكەن.
بۇ بىر قاراشقا 连连看 گە ئوخشاپ كېتىدىغان، يەنە بىر قاراشقا 泡泡堂 غا ئوخشاپ كېتىدىغان ئويۇندەك قىلىدۇ. لېكىن بۇ ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئويۇن. قارىماققا ئاددىي بولغان بىلەن ئوينىسا خېلى يامان ئەمەس ئويۇن. كونكىرتنى قىلىپراق ئېيتقاندا بۇ ئويۇن Bejeweled گە ئوخشاپ كېتىدىغان يوقۇتۇش ئويۇنى.
سوقما توپ (بوۋلىڭ) بىر خىل يىنىك ۋە راھەت تەنتەربىيە تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ياقتۇرىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئاغىنە بالىلار بىلەن بىر يەرگە كەلسەك ئانچە-مۇنچە بېرىپ ئويناپ قويىدىغان توپ تۈرىمىز. بۇنىڭ ئويۇنلىرىمى App Store دا خېلى قارشى ئېلىنىدۇ. ئەگەر سىز ئەمەلىيەتتىكى سوقما توپنى ياقتۇرسىڭىز Tiki 10 Pin Gold ناملىق بۇ ئويۇننىمۇ چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.
نەچچە كۈنلۈك سەپەردىن كىيىن ئاخىرى خىزمەت ئورنىمغىمۇ يېتىپ كەلدىم. بۈگۈن ئەتىگەن قارىسام ماۋۇ پەچەت ئوماق ئويۇن ھەقسىز تارقىتىلىپتىكەن. كۆرىنىشى ناھايىتى ئوماق ھەم بەك چىرايلىقكەن. بۇ مەنبەنى سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. بالىڭىزنىڭ كاللىسىنى ئاچىدىغان پەچەت ئويۇننى كەتكۈزۈپ قويمىغايسىز.
Facebrick ناملىق بۇ ئويۇن ئەقىل سىناش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ، كۆرۈنۈش يۈزى خېلى سۈزۈك. ئومومى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خېلى ياخشى ھېساپلىنىدىغان ئەقىل سىناش ئويۇنى دېيىشكە بولىدۇ. ئايفون ۋە ئايپەد ھەر ئىككى نۇسقىسىنى چاغانلىق ھەقسىز چۈشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپتۇ. چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويىدىغان ئويۇنكەن.
ئالتۇن كان ئىشىچىسى ناملىق بۇ ئويۇن بەلكى سىز بۇرۇن بىر مەزگىل ياقتۇرۇپ ئوينىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق، بۇ خېلى كۆپ كىشىلەر ئىچىدە ناھايىتى كلاسسىك دەپ قارىغان ئويۇننىڭ بىرى. بۇنىڭ كومپىيۇتېردا ئوينايدىغان فلەش نۇسقىسىمۇ بولىدىغان. يەنە ئاندرويد ۋە نوكىيا تېلفۇنلىردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئويۇنلار بار. مەيلى قايسىدا بولسۇن، بۇ يەنىلا ئىنتايىن قارشى ئېلىنىدىغان ئويۇن.
Jewelry دېگەن نامنى ئاڭلاپلا ئالماسقا مۇناسىۋەتلىك ئويۇن ئىكەنلىكىنى بىلدىڭىز ھەقىچان. بۇ خىلدىكى ئويۇنلارنىڭ كۆرىنىشىنىڭ كۆركەملىكى بىلەن ئويۇنخۇمارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ ئويۇن مۇشۇ تۈردىكى ئالماس ئويۇنلىرىنىڭ ئىچدە AppStore دىكى ياخشى ئويۇن سانىلىدۇ. 3 تىن ئارتۇق ئوخشاش رەڭلىك ئالماس بىر يەرگە كەلسە پارتىلايدۇ. ئىكراندىكى ھەممە ئالماسلار تۈگىگەندە بىر ئۆتكەل تامام بولغان بولىدۇ. داۋامىنى ئوقۇش »
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار