خەزىنە

بىلگۈچى بىلىمىنى باشقىلارغا بىلدۈرمىسە بىلىمنىڭ  بېجىنى بەرمىگەن بولىدۇ. بىز بلوگداشلار بىلەن بىلگەندىن بىللە بەھرلىنىش، بىرلىكتە باراۋەر بەس-مۇنازىرىلىشىش بارىسدا، بۇ بەتتىكى بىلدۈرگىلەردىن بىللە بەھرلىنىشچۈن بۇيەرگە بەند بولدۇق. بىلگەنلەر بىلگىنىدىن بېخىل بولمىغاي. بىلدۈرۈشتىن بېخىل بولۇش بىزگە باتىل. بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن. بارىمىز بىلىمگە باي بولايلى! بولمىغاندا باي بولۇشقا باشلايلى!


ئەسكەرتىش:

بۇ سەھىپىگە ئايفون، ئايپەدلەرنى ئىشلىتىش جەريانىدا بايقىغان يېڭىلىق، ئۆزىڭىز بىلىدىغان تېخنىكا ۋە بىلگۈلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە فوتوگرافىيە، ماشىنىغا مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ھەتتا باشقا ساھەدىكى قىممىتى بار بىلىملەر بولسا يازسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. بۇ سەھىپىنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەقەت قىممىتى بار تېخنىكا ۋە بىلىملەر بىلەن توشقۇزۇش ئۈچۈن باشقا مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى مۇناسىۋەتلىك سەھىپىلەرگە يازغايسىز. بېكەت توغرىسىدا پىكىر-تەلەپلىرىڭىز ۋە ياكى سورايدىغان سۇئاللىرىڭىز بولسا «سۆز قالدۇرۇڭ» سەھىپىسىگە يازغايسىز. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا ۋە قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!

无觅相关文章插件,快速提升流量



49 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئاۋال مەن باشلاي. كۇلۇبىمىزغا ئىلگىرى يوللانغان مۇشۇ خاراكتىردىكى يازمىلارنىڭ يىغىندىسىنى مۇشۇ جايدىن تاپالايسىز.
    http://goo.gl/5snhk

  2. ئايفونىڭىزدىكى بۇ ئىقتىدارلارنى بىلگەنمىدىڭىز؟
    http://goo.gl/AkoDg
    داۋامى
    http://goo.gl/gdXbh

  3. ماۋۇ بەلەن ئىش بولدى جۇما ، بىردىن بىردىن توپلىنىپ راستىنلا بىر ئالمىچىلارنىڭ « خەزىنە » سى بولۇپ قالىدۇ ئاللاھ خالىسا ؛

    مەن بايقىغان يېڭىلىق :

    ئايفۇن تىڭشىغۇچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كونتىروللىغۇچ ئارقىلىق ، ئايفۇنغا قاراپ يۈرمەيلا قويماقچى بولغان ئاۋاز ھۆججىتىنى قويۇپ ، توختىتىشقا ، ئاۋازنى يۇقىرى تۆۋەن قىلىشقا بولىدىغانلىغىنى ھەممىمىز بىلىمىز،

    تىڭشىغۇچتىكى كونتىروللىغۇچنىڭ قويۇش كونۇپكىسىنى تىز ئىككى قېتىم باسسا كىيىنكىسىگە يۆتكەيدىغانلىغىنى بىلگەنتىم،

    ئەمما ئالدىنقىسىغا يۆتكىيەلمەي ئىچىم پۇشاتتى،

    بۈگۈن موزىكا تىڭشاۋېتىپ ، كىيىنكىسىگە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن باسسام ئالدىنقى قويۇلغان موزىكىغا يۆتكىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىناپ يۈرۈپ قارىسام تىڭشىغۇچ كونتىروللىغۇچىدىكى قويۇش كونۇپكىسىنى تىز ئىككى باسساق كىيىنكىسىگە ، تىز ئۈچ قېتىم باسساق ئالدىنقىسىغا يۆتكىلىدىكەن، بەكلا قولايلىق بولىدىكەن بۇنداقتا ،

    بىلىدىغانلار بولسا مۇشۇنىمۇ يوللاپ يۈرۈپتۇ دىمىگەي ، بىلىمىگەنلەر پايدىلىنار ،

  4. iOS سېستىمىڭىزنىڭ نەشىرى 4.0 دىن يۇقىرى بولسا، قايتىش كونۇپكىسىنى 2 قېتىم بېسىش ئارقىلىق ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولىۋاتقان ئەپلەرنى كۆرەلەيسىز. بۇنى پات-پات تازىلاپ تۇرۇش كېرەك. ئىچكى ساقلىغۇچنى ئېگەللىگەندىن سىرت باتارىيىنىڭ خورىشىنى تىزلىتىۋېتىدۇ. ئارقا سۇپىدىن ئۆچۈرۈش ئۈچۈن شۇ ئەپنى قويىۋەتمەي بېسىپ تۇرسىڭىز سول ئۈستىگە قىزىل سىزىقچە پەيدا بولىدۇ. شۇنى بېسىپ تاقىۋېتەلەيسىز.  

  5. iPod تىكى فىلىملەرنىڭ تىزىملىكى، قىسقا ئۇچۇر باش بېتى، ئېلخەت لېستىسى قاتارلىق جايلاردا شۇلارنىڭ ماۋزۇسى ئۈستىگە ئەكىلىپ ئوڭغا ياكى سولغا سۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇنىڭدا 删除 دېگەن ئۆچۈرۈش تىزىملىكى پەيدا بولىدۇ. ناھايىتىمۇ قولاي

  6. قىسقا ئۇچۇر ۋەياكى ئېلخەت قاتارلىق مەزمۇن يازىدىغان جايلاردا خەت يېزىپ بولۇپ ئەيفوننى بىر سىلكىسىڭىز بىر تىزىملىك يۈگرەپ كېلىدۇ؟ كۆرۈپ باققانمۇ؟ ئۈستىدىكى 撤销输入 دېـگىنى كىرگۈزگەننى بىكار قىل دېگەن گەپ. شۇنى باسساق يازغان مەزمۇن ئۆچىدۇ. مەزمۇننى قايتا يازىدىغانغا توغرا كەلگەندە بۇ ئامال ئوبدان ئەسقاتىدۇ. 备忘录 ۋە سافارىلاردىمۇ سىناپ كۆرۈڭ.

  7. ئايفوننى يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر بىلەلمەيدىكەن. بىز ئېكراندىكى ھەرقانداق ئايكون (تۇغ) نى خالىغان يەرگە يۆتكەپ رەتلىيەلەيمىز. ھەتتا دەرىجەنلەپ بىر خالتىغا سالالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن خالىغان بىر ئەپنىڭ ئايكونىنى بېسىپ تۇرۇڭ. ئايكونلار ھەرىكەتچان ھالەتكە ئۆتىدۇ. ئۈستىدىكى خاتا بەلگىسىنى باسسىڭىز قاچىلانغان ئەپنى ئايفونىڭىزدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. سىز بۇ چاغدا يۆتكىمەكچى بولغان ئەپنى بېسىپ تۇرۇپ مۇۋاپىق دەپ قارىغان يەرگە ئەكىلىپ قويىۋەتسىڭىزلا بولدى. بىرقانچە ئەپنى بىر يەرگە ئەكىرىش ئۈچۈن بىر ئەپنى يەنە بىر ئەپنىڭ ئۈستىگە ئەكەلسىڭىز يېڭى بىر ھۆججەت قىسقۇچ پەيدا بولىدۇ. قىسقۇچنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۆزگەرتىۋالالايسىز. مانا مۇشۇنداق ئاددىي. 

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ سەھىپە ئېچىلىپ بەك ياخشى بوپتۇ. نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇق.

  9. ئايفۇن ئىشلىتىۋاتقانلارغا خوشخەۋەر، تىزدىن تېلفۇنىڭىزغا سىيدىا دىنiTrackerناملىق ئەپنى قاچىلىۋېلىڭ، قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئىچىگە كىرىپ注册SIM卡号نى بېسىپ ئىچىگە كىرىپ注册当前插入的SIM卡 نى بېسىۋېتڭپلا بىرقەدەم كەينىگە چىكىنىپ注册紧急联系人نىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۈستىدىكى بىكا ئورۇنغا بىرەر يېقىنلىرىڭىزنىڭ تېلفۇن نۇمرىنى كىرگۈزۈڭ،

    ئەمدى سىلەرگە بۇنەرسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى سۆزلەپ بېرەي، ئەگەردە ياخشى كۈننىڭ يامىنى كىلىپ 5000سوملۇق ئۈسكىنىڭىز نى يۈتتۈرۈپ قويسىڭىز،ۋە ياكى ئوغۇرلانسا سىزگە ياردىمى بولىدۇ،تېلفۇنىڭىز ئوغۇرلانسا ئۇنى ئوغۇرلىغان ئادەم چۇقۇم ئۆزىنىڭ كارتىسىنى سېلىپ ئىشلىتىدۇ بۇنىسى مۇقەررەر،ئەگەر شۇنداقلا قىلىپسالسا، ئايفونغا يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن كارتا نۇمرىدىن ئاپتۇماتىك ھالدا بايا سىز注册紧急联系人نىڭ ئىچىگە تولدۇرغان نۇمۇرغا ئۇچۇر كىلىدۇ،دىمەك سىز تېلفۇنىڭىزنى ئوغۇرلىغان ئوغرىنىڭ تېلاۇن نۇمرىنى ئۇقىۋالالايسىز،يەنە بىردەم ئۆتكەندىن كىيىن سىزنىڭ تېلفۇنىڭىزنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ئۇچۇر قىلىنىپ ئېۋەتىلىدۇ(ئۇچۇر غا بىر توربىكەت ئادىرسى يوللىنىدۇ،بۇ google mapئادىرسى ) بۇنى ئاچسىڭىز خەرىتىدە تېلفۇنىڭىزنىڭ ئورنى كۆرىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئىش ئۆزىڭىزگە باغلىق، ئۇ ئادامگە قوقاق سېلىپ قايتۇرۋالامسىزياكى يالۋۇرۇپ قايتۇرۋالامسىز ،ئۆزىىڭىزنىڭ ئىشى

    يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرنەچچە ياخشى نەرسىلە بار، بۇگۈن مۇشۇنىلا يوللاي.

  10. ئاغىنىلە …..مەن iphone3gs گە4.3.5 نى ….قاچىلىغان، ئەمدى بۇنى تۇرمىدىن قاچۇرغىلى بولمايدىكەن……. ئەمدى 4.3.3 گە قايتاي دىسەم يانغىلى بولمايدۇ دەيدۇ، راستىنلا پەقەت ئامال يوقمىدۇ………… ياردەم قىلغان بولساڭلا،…… چچ ئارقىلىق ئالاقىلاشساقمۇ بولىدۇ…929296747 بىر ياردەم قىلساڭلا بەك ئىچىم سىقىلىپ كەتتى……

    • بۇ يەرگە سورايدىغان سۇئالنى يازماڭ دەپ ئېنىق ئېيتىپ قويغان. سورايدىغان مەسىلە بولسا سۆز قالدۇرۇڭ سەھىپىسىگە يازسىڭىز. بۇ جايدا پەقەت ئۆزىڭىز بىلىدىغان پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىغان تېخنىكا ياكى بىلىملەر مەخسۇس يوللىنىدۇ. بۇندىن كىيىن سۇئال سورىغۇچىلار بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرگەي!

  11. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئاۋال iToolsئارقىلىق SHSH نى زاپاسلىۋېلىشىڭىز كېرەك ئىدى، بۇنداق بىۋاستە كۆتىرۋالسىڭىز بۇ ئاۋارچىلىقتىن خالى بولالمايسىز، مىنىڭچە 4.3.5 نىڭتۈرمىدىن مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى كۈتمەي ئامال يوق، باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە 10_چىسلادىن بۇرۇن ئېلان قىلنىدىكەنمىش.(تۈرمىدىن قاچۇرغاندا قىزىل قار(redsnow)نى ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    • جۇغلاننىڭ نېمە ئۈچۈن redsnow بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى تەۋسىيە قىلمايدىغانلىقىنى بىلمىدىم. Saurik مۇ مۇشۇنىڭ بىلەن قاچۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىۋېدى.
      /saurik-tell-you-why-jailbreak-the-iphone.html
      سىزنىڭ كۆزدە تۇتقىنىڭىز نېمىكىن؟

      • مەن مۇ بۇرۇن دىن تارتىپ شۇنىڭ ئارقىلىق قاچۇراتتىم، لېكىن تور ئارلاۋېتىپ مۇنداق گەپنى جېق ئۇچرىتىپ قالدىمhttp://bbs.weiphone.com/read-htm-tid-1588900.html شۇنىڭ بىلان مىنىڭ مۇ شۇندق بوپقېلىشتىن ئنسىرەپ باشقا ئۇسسۇل بويىچە قاچۇرغانتىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەتراپىمدىكى كىشىلە گىمۇ تەۋسىيە قىلغانتىم.

  12. ھېساپلىغۇچ 计算器 دا خاتا يېزىلغان 1 تال رەقەمنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشنى بىلەمسىز؟ شۇنداق، كونۇپكىلار ئارىسىدىن ئۆچۈرۈشنى تاپالمايسىز. پەقەت AC لا بار، لېكىن بۇنى باسسىڭىز ھەممىسى ئۆچۈپ كېتىدۇ. سىز رەقەم كۆرۈنگەن جاينى ئوڭغا ياكى سولغا سۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟
    http://goo.gl/CO8AP

  13. توردا ھەقلىق ئەپلەرنى 破解 قىلىپ يېشىۋەتكەن ئەپلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇنى ھەقسىز قاچىلىيالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرغان بولىشىڭىز كېرەك. Cydia غا http://apt.weiphone.com دېگەن مەنبەنى قوشۇڭ. ئاندىن AppSync دەپ ئىزىدىسىڭىز 威锋 مەنبەسىدىن Appsync 4.0-4.3.3 全兼容 دەپ بىرىنى تاپىدۇ. شۇنى قاچىلىۋېتىڭ. ئاندىن iTunes ئارقىلىق يېشىۋەتكەن ئەپلەرنى قاچىلىيالايسىز.

  14. 91 نى ئىشلىتىدىغان بىچارە ئايفونداشلار بۇ ئارقىلىق مۇزىكا قاچىلاپ قالغان بولسىڭىز بۇنداق ئەھۋالغا چوقۇم يولۇققانغۇ دەيمەن. بۇنىڭ بىلەن قاچىلاپ بولغاندىن كىينلا خەقنى تېپىۋاپسەن دەپ iTunes نىڭ خۇيى تۇتۇپ قالىدۇ. ئاندىن
    iTunes不能读取iphone的内容请前往iphone的“偏好设置”的“摘要”选项卡
    دېگەندەك ئۇچۇر چىقىۋېلىپ ئايفوننى زادىلا تونىمايدۇ. مۇنداق ئەھۋالغا يولۇققانمۇ؟ بۇ 91 تېرىغان پاراكەندىچىلىك. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئەپلىك، لېكىن سەل ئاۋارىرەك چارىسى بار. كىم سىزنى 91 نى يەنە ئىشلەتسۇن دەپتىكەن؟
    iTools دېگەندەك iPhone نى ئىچ باغرىنى كۆرىدىغان قورال ئارقىلىق (يەنە 91 ئارقىلىق ئاچمايۋاتقانسىز ھە؟) ماۋۇ مۇندەرىجىنى تېپىڭلار: /var/mobile/Media بۇنىڭ ئاستىغا قارىساڭلار iTunes_Control دەپ بىر مۇندەرىجە بار. مۇشۇ مۇندەرىجىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭلار. ئاندىن iTools تىن يۇلۇپ iTunes قا چېتىڭلار.
    تونىدىمۇ؟ ئەلۋەتتە تونۇيدۇ. 91 نى تاشلىدىڭىز ئەمەسمۇ؟ تونىغاندىمۇ يېڭىدىن تونۇشقاندەك تونۇيدۇ. iTunes قا ئۆزىڭىزنى قايتىدىن تونۇشۇتۇرپ ئۆتىسىز. يىپيىڭى ئايفوننى چاتقاندەك تونۇيدۇ. ئەگەر سىز ئايفونىڭىزنى ئىلگىرى مۇشۇ كومپىيۇتېردىكى iTunes قا ئۇلاپ زاپاسلاپ باققان بولسىڭىز ئاستىدىكى 从以下备份恢复 نى بېسىپ، بۇرۇنقى ئايفونىڭىزنى ئىشلەتكۈچىسىنى تاللاپ بېرىپ 继续 نى باسسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى يېڭىدىن تەڭشەش ئۈچۈن 设置为新的iPhone نى تاللاپ داۋاملاشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا قاچىلىغان ئەپلەر يۇيۇلۇپ كەتمەيدۇ، ئەلۋەتتە سىزنىڭ iTunes ئامبىرىڭىزدىكى يوق ئەپلەردىن باشقىسى.
    ئەمدىن يىپيېڭى قىياپەتتە 91 بىلەن بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا ئۇچرىشىپ يۈرمىگەيسىز!

  15. ئايفونغا چىرايلىق ئۇيغۇرچە فونت تونۇتماقچى بولسىڭىز بۇ فونتنى چۈشۈرۈڭ:
    http://dl.dbank.com/c0i19d59u0
    ئاندىن iTools ئارقىلىق بۇ مۇندەرىجىنى ئېچىڭ.
    /System/Library/Fonts/Cache
    مۇشۇ يەرگە چۈشۈرگەن 2 فونتنى قاپلىۋەتسىڭىز ئىش تامام. قايتا قوزغىتىڭ. چىرايلىق ئۇيغۇرچە فونت تونىدىمۇ؟ ئەمدى سىز خالىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى ئايفوندا زىيارەت قىلىپ بېقىڭ. ھەممىسىنىڭ فونتى شۇنداق گۈزەل، كۆركەم كۆرىنىدۇ.

  16. http://jailbreakme.com نىڭ ناھايىتى تېز ھەم قولاي تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلەمسىلەركىن؟ ئىلگىرى بىر سېستىمىدا «يانغا سۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ» دەپلا بىر ئۇسۇلنى ئىجاد قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە iOS 4.3.3 تىن تۆۋەن بولغان ھەرقانداق iDevice نى بۇ توربەت يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىنتايىن ئاددى ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرالايدۇ. 2 ھەپتە بۇرۇن بىر دوستىمىزغا iPad2 دىن بىرنى ئېلىپ مۇشۇ ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بەردىم. مەشغۇلاتى ئىنتايىن، راستىنلا ئىنتايىن ئاددى.
    ئاۋال Safari ئارقىلىق بۇ توربەتنى ئېچىڭ: http://jailbreakme.com
    ئاندىن Cydia نىڭ بەلگىسىنى كۆرىسىز. بۇنى خۇددى App Store دىن بىرەر ئەپنى قاچىلىغانغا ئوخشاشلا قاچىلاڭ. تۈرمىدىن قاچۇرۇش تامام!

  17. قاچىلىغان ئەپلەرنى يوشۇرۇپ قويۇشنى بىلەمسىز؟ ئەگەر سىز بۇ يازما بويىچە SBSettings نى قاچىلىغان بولسىڭىز بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.
    http://goo.gl/qMDNZ
    ئېكراننىڭ ئۈستىنى ئاستىغا سۈرۈپ SBSettings نىڭ تىزىملىكىنى ئېچىڭ. ئاندىن ئاستىدىكى More نى بېسىپ تەڭشەك تىزىملىكىنى ئېچىڭ.
    System Options نىڭ ئاستىدا Hide icons دەپ بىر تىزىملىك بار. شۇنىڭ ئىچىگە كىرسىڭىز ئايفونىڭىزغا قاچىلىغان بارلىق ئەپلەر كۆرىنىدۇ. سىز يوشۇرىدىغانلىرىنى تاقىۋېتىپ چېكىنىپ قاراپ بېقىڭ. ئايفوندىن غايىب بوپتىمۇ؟
    بۇنىڭلىق بىلەن يۇيۇلۇپ كەتمەيدۇ. پەقەت يوشۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا سىز مۇشۇ ئەپنىڭ ئىسمى بويىچە ئىزدەيدىغان جايدىن ئىزدەپ قوزغىتالايسىز

  18. Windows 7 نى يېڭىدىن ئىشلەتكۈچىلەر بۇرۇن XP دا كۆنۈپ قالغان 显示桌面 دېگەن ئىقتىدارىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىڭلارمۇ؟ ئەسلى بۇنى يېڭى سېستىمىدا بەكلا قولايلاشتۇرۇپتۇ. سائەت كۆرۈنىدىغان ئوڭ تەرەپ پەستە سائەتنىڭ يېنىدىكى كىچىك بوشلۇقنى كۆردىڭىزمۇ؟ شۇ يەرنىلا باسسىڭىز بولدى.

  19. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
    مەن بۈگۈن بايقىغان يېڭىلىق، ( ئەمىلىيەتتە مەن بۇنى بىر تورداش يوللىغان تېمىدىن بايقاپ قالدىم ، باشقا بىر تور بەتتە )

    ئادەتتە ئايفۇننىڭ ئېكرانىدىكى خالىغان بىر ئايكۇننى ئۇزاقراق بېسىپ تۇرساق ، ھەممە ئايكۇنلار « ئۇسۇل ئويناشقا » باشلايدۇ، بۇ چاغدا بۇ ئايكۇنلارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ رەتلەپ ، بىرىنىڭ ئىچىگە بىرنى « تىقىپ قويۇش » قا بولىدۇ ، بۇنى بىلىسىلەر ،

    ئەمما بۇ ئايكۇنلار بىر تەرتىپ بويىچە تىزىلغان، يەنى ئۈستى سول تەرەپتىن باشلاپ تىزىلغان، بىر ئايكۇننى يۆتكىسەك ، كەينىدىكى ئايكۇن ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلىۋالىدۇ ، يەنى دىمەكچى بولغىنىم ، ئايكۇنلارنى ئۆزىمىز خالىغان شەكىلدە تىزالمايمىز .

    ئەمما بىز Cydia دىن Gridlock قىستۇرمىسىنى تېپىپ قاچىلىۋەتسەك ، ئايكۇنلارنى خالىغانچە تىزالايدىكەنمىز .

    يەنى ، بىر ئايكۇننى يۆتكىسەك ، كەينىدىكى ئاقساقاللىق قىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا كېلىۋالالمايدىكەن،

    بۇنداق بولغاندا بىز باش بەتتىكى ئايكۇنلارنى تازىلىۋېتىپ ، ئوڭ تەرەپكە تىك ھالەتتە 4 نى، سول تەرەپكە 4 نى تىزىپ ، ئوتتۇرىسىنى بىكار قويۇشقا، ، … قاپ ئوتتۇرىغان بىر تاللا ئايكۇنىنى يالغۇزلا قويۇپ قويۇشقا ، ….

    ئىشقىلىپ ، قانداق شەكىلدە تىزىشنى خالىساق شۇنداق شەكىلدە تىزىشقا بولىدىكەن .. ..

    مەن سىناپ بېقىپ ، سىناقتىن ئۆتكەندىن كىيىن يوللىدىم، خاتىرجەم سىناپ بېقىڭلار …
    \
    سىناپ بولغاندىن كىيىن، ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويۇڭلار، ..

    • ئۆزەمنىڭكىگە ئۆزەم جاۋاپ يازغىنىم قىزىق بولدى، …

      يەنە بىر گەپ ، بۇ قىستۇرمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ، ئۆزىمىز خالىغانچە رەتلەش ئۈچۈن ، چوقۇم شۇ بەتتە ئايكۇنلارنى خالىغانچە يۆتكەشكە يېتەرلىك ئايكۇن بوشلۇغى بولىشى كېرەك، 20 تال ئايكۇن بىلەن لىق توشقۇزۇغلۇق بەتتە ، ئايكۇنلارنى يۆتكىسىڭىز ، بىرىنىڭ ئورنىغا بىرى كېلىۋالسا، « ئاااااي…. ، بولمايدىكەنغۇ، نەدە بىر يالغان نەرسىنى يوللاپ ، ئادەم ئەۋارە قىلىپ …. » دەپ يۈرمەڭ يەنە ،

    • ھا ھا ھا بۇ بەك ياخشى ئىقتىداركەن، مەن Gridlock نى قاچىلاپ سىناق قىلىپ باقتىم، مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى، ئىلھام دوستىمىزغا كۆپ رەھمەت !!!!

  20. پاسىباننىڭ ئايفونىنىڭ ئۈستىدە 中国移动 دەپ چىقماي پاسىبان دەپ ماشىنا بىلەن ئايفوننىڭ رەسىمى چىقىدىكەنغۇ؟ بۇنى قانداق چىقىرىمىز؟ كېلىڭ، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئايفوننىڭ ئاچچىقىنىمۇ بىللە چىقىرايلى!
    /emoji-keyboard.html

  21. ئايفونىڭىزنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ 关于本机 دېگەن شۇ يەردە بىر تالاي بىلىم بار!
    http://goo.gl/ehvpQ

  22. Windows7 ياكى ۋىستادا تېز قوزغىتىش دېگەن پەچەت ئىقتىدارى ئېلىۋېتىلگەن. بۇنى بەزى پروگراممىلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. لېكىن ھېچقانداق پروگراممىنىڭ ۋاستىسىزمۇ بىز بۇ ئىقتىدارنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋالالايمىز. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق:
    ئاۋال ئاستىدىكى ۋەزىپە ستونىنىڭ بوش يېرىگە ئەكىلىپ ئوڭ تەرەپنى بېسىپ، تىزىملىكتىن 工具栏 دىن 新建工具栏 نى تاللاڭ. بىر كۆزنەك چىقىدۇ. بۇ كۆزنەكتىكى ھۆججەت قىسقۇچ تاللايدىغان جايغا بۇنى كۆچۈرۈپ چاپلاڭ(رەسىمدىن كۆرۈڭ):
    %appdata%\Microsoft\Internet Explorer\Quick Launch
    选择文件夹 نى باسسىڭىز ۋەزىپە ستونىغا تېز قوزغىتىش دېگەن بۇ مۇندەرىجە قوشۇلىدۇ. ۋەزىپە سوتىنىنى قۇلۇپلاش دېگەن جاينى بېسىپ 锁定任务栏 بۇنى سول تەرەپكە يۆتكەپ ئەكىلىۋېلىڭ.

  23. سېستىما ئۇقتۇرىشى:
    ئىنكاس يېزىلغان ئورۇن خاتا تاللانغان. بۇ جايدىن يۆتكەلگەندىن كىيىنكى ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈڭ.

  24. بۈگۈن ئايفوننىڭ سىمسىز ئەپ قاچىلاش ئىقتىدارىنى تۇيۇقسىز بايقاپ قالدىم. بايا كومپىيۇتېردىكى iTunes تا بىر ئەپنى چۈشۈرۈپ بولۇپ، ئۇنى قاچىلاش ئۈچۈن يانچۇقۇمدىن ئايفوننى ئېلىپ قارىسام ئايفونغا قاچىلىنىپ بوپتۇ! ھەيران قاپتىمەن. ئەسلى بۇ ئايفوننىڭ سىمسىز ئەپ قاچىلاش ئىقتىدارى ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ھەي ئالما! سەن يەنە ماڭا قانداق ھەيران قالارلىق ئىقتىدارلارنى ساقلاپ تۇرىۋاتقانسەن؟ ئايفوننى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدىم!
    پەرىزىمچە بۇ 4.3.3 نەشىرىدىكى يېڭىلىق ئوخشايدۇ. مەن قارىسام 设置 نىڭ ئىچىدىكى Store دېگەننىڭ ئىچىدە 自动下载项目 دەپ بىر يەر تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاستىدا 音乐,应用程序,图书 دەيدىغان تاللاشلار بار ئىكەن. بەلكى مۇشۇنىڭ ئىشى بولىشى مۇمكىن.
    پەمىمچە بۇنىڭ پرىنسىپى مۇنداق: بىز كومپىيۇتېردىكى iTunes ئارقىلىق بىرەر ئەپ، مۇزىكا ۋە ياكى كىتاپ سېتىۋالساق بىزنىڭ ئوخشاش Apple ID رىمىز باغلانغان ئايفون ياكى ئايپەدكىمۇ بىللە چۈشۈرىدىكەن. يەنى ئاشۇ ئايفون ۋە ئايپەد تورغا ئۇلانغان بولسىلا ئۇنىڭغىمۇ بىۋاستە چۈشىدىكەن ۋە قاچىلىنىدىكەن. سىم چېتىپ iTunes ئارقىلىق ئايرىم قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. مانا بۇ iTools, 91 ,同步推 دېگەندەك چوماقچىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەمەس، ئەسلى زاۋۇتنىڭ پەچەت ماسقەدەملىگۈچىسى iTunes بىلەن چۈشۈرگەننىڭ پايدىسى.
    سەمىمى تەكلىپ: مۇشۇ تەڭشەك ئورنىدىكى 蜂窝网 دېگەن جاينى ئەڭ ياخشىسى ئاچماڭ. يەنى بۇنى ئېچىپ قويسىڭىز سىز GPRS تورى بىلەن تورغا ئۇلانغان بولسىڭىزمۇ ئۇ ئەپلەرنى چۈشۈرىۋېرىدۇ دېگەن گەپ. ئۇ چاغدا ئېقىم پۇلىغا ئاشۇ ئەپنىڭ ھەقلىق نۇسقىسىمۇ كەپ قالامىكىن …

  25. ئايفون ئارقىلىق رەڭلىك ئۇچۇر 彩信 ئىۋەتىشنى ۋە قوبۇل قىلىشنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ تېلىفونىڭىزنىڭ GPRS مۇلازىمىتى ئوچۇق بولىشى كېرەك. ئاندىن ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز. مۇنداق قىلىڭ:
    设置-通用-网络-蜂窝数据网 ئىچىگە كىرىپ ئاستىغا قارىساق 彩信 دەيدىغان رەڭلىك ئۇچۇر تەڭشەك قىسمىنى كۆرىمىز. بۇنىڭدىكى مۇناۋسىۋەتلىك جايلارغا مۇنداق قىلىپ توشقۇزۇڭ (中国移动 ئابونتلىرى):
    APN گە : cmwap
    MMSC گە : mmsc.monternet.com
    彩信代理 گە : 10.0.0.172
    ئەگەر سىزنىڭ 联通 كارتىسى بوپقالسا مۇنداق توشقۇزىسىز:
    APN گە : uninet
    MMSC گە : mmsc.myuni.com.cn
    彩信代理 گە : 10.0.0.172
    توشقۇزۇپ بولغاندىن كىيىن ئايفوننى قايتا قوزغىتىڭ. ئاندىن 设置-短信 نىڭ ئىچىگە قارىسىڭىز تەڭشەك قىسمىدا رەڭلىك ئۇچۇرنىڭ تاللاش تۈرى قوشۇلغانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇنىڭدىكى 彩信 نى ئېچىپ قويۇڭ. 显示主题栏 نى تاقاپ قويۇڭ (ئېچىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. تاقاپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى ئېچىپ قويساق نورمال ئۇچۇر يازغۇچە قولىمىز ماۋزۇ قويىدىغان جايغا تېگىپ كېتىپ شۇ يەرگە خەت يېزىپ قالساق نورمال ئۇچۇرنىمۇ رەڭلىك ئۇچۇر شەكلىدە ئېۋەتىپ قېلىشى مۇمكىن.)
    دىققەت : رەڭلىك ئۇچۇرنى ئىۋەتىش ۋە قوبۇل قىلىش ۋاقتىدا چوقۇم GPRS تورىنى تېلىفونىڭىزدا ئوچۇق ھالەتتە قويۇشىڭىز كېرەك. 4.0 دىن كىيىن 蜂窝数据网 نىڭ ئايرىم ۋىكليۇچاتىلى بار بولدى. شۇنى ئېچىپ قويسىڭىز بولىدۇ. بۇ 设置-通用-网络-蜂窝数据网 نىڭ ئىچىدە.

  26. پاسىبان مۇشۇنى بەر تېما قىلىپ يوللىمامسىز بىلمەيدىغان بەپكۆپ بۇنى

    • خەت ئۇيغۇرچىدەك تۇرىدۇ بولمىسا. سۆزىڭىزنى چۈشەنمىدىم

      • ھې ھې !بۇنداق خەتنى تەرجىمە قىلىشقا مەن بەك ئۇستا، (پاسىبان، يۇقاردىكى مەزمۇننى ئۇزۇن قىلىپ بىر تىما يوللىمامسىز، بۇنى بىلمەيدىغانلار خېلى كۆپ) ئاپامغا iphone3gsتىن بىرنى ئېلىپ بەرگەن، (ئۇچۇر يېزىشنى ئۈگۈتۈپ قوي) دەپ تۇرۋېلىپ ئۈگۈتۈپ قويدۇم، ھازىر تېلفۇن قىلىشنىڭ ئورنىغا توختىماي ئۇچۇر يازىدۇ، يازغان ئۇچۇرلىرى مۇشۇنداق چالا پۈتۈك.

    • ئۈستىدىكى ئاۋۇ مەزمۇننىڭ گېپىكەندە. يازما قىلىپ يوللىمىساممۇ تولۇق بولدى. كىچىككىنە بىر نەرسىنى ئۇزۇن بىر يازما قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇ ھەرقانچە بولسا.

  27. iPhone دا چۈشۈپ بولالمىغان ئەپنى يۇيۇش ئۇسۇلى قاچىلاپ بولغان ئەپكە ئوخشىمايدۇ. ئۇنى ئۆچۈرۈش ئورنىغا iTunes تا ئوخشاش ھېساۋات بىلەن چىقىپ Store دىن 检查可以的下载项目 دېگەن جاينى باسىمىز. بۇ چاغدا iPhone دا سېتىۋالغان ئەپلەرنى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ. چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن iPhone نى چېتىپ ماسقەدەملىۋەتسەك ئىش تامام.
    يەنە بىر ئۇسۇلى بىر ئاز خەتەرلىك بولۇپ، تۈرمىدىن قاچۇرۇش شەرت. iTools ئارقىلىق \user\media\download\ نى ئېچىپ ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتنى ئۆچۈرىۋېتىڭ. لېكىن بۇ ئۇسۇل تەۋسىيە قىلىنمايدۇ

  28. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن بۈگۈن ئۆزەم بايقىغان بىر ئىشنى يوللاپ قوياي. بۇرادەرلەر يېڭىلىق دەپ بىلسە ئەجەپ ئەمەس.
    رەسىم ئامبىرىنى ئېچىپ قالايمىقان تارتقان بىرنەچچە پارچە رەسىمنى تازىلىماقچى بولساق بىردىن بىردىن چىكىپ ئولتۇرماي
    بىر رەسىمنى چېكىپ تۇرۇپ قولىمىزنى قويىۋەتمەي ئىككىنچى بىر رەسىمنىڭ ئۈستىگەسۈرسەك تاللىنىپ ماڭىدىكەن بۇئارقىلىق بىرقەدەر قولاي بولغان مەشغۇلاتقا ئىرىشىدىكەنمىز.

    • 5.0 دە شۇنداقمىدۇ يە؟ مېنىڭ ھېچ ئۇنداق بولمىدى. مەن ئادەتتە توپلاپ ئۆچۈرۈشكە توغرا كەلسە ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى «يوللاش» نىڭ بەلگىسىنى باسىمەن. ئاندىن بىر-بىرلەپ تاللاپ ئاستىدىكى 删除 نى باسىمەن. بۇنىڭدا تېخىمۇ قولاي. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يەنە رەسىملەرنى تاللاپلا ئېلخەت يوللىغىلى، كۆچۈرىۋالغىلى، پرېنتېرغا يوللىغىلى بولىدۇ.

  29. مىنىڭ مۇ 4.3 لىكىن گەپنى كوتا قىلىپ قويۇپتىمەن. شۇ ‹‹يوللاش ›› بەلگىسىنى باسقاندىن كىيىن قىزىل توغرا بەلگىسى قويۇلغاندا
    ياندىكى رەسىم ئۈستىگەسۈرسە ئۇنىمۇتاللاپ ماڭىدىكەن.  

    • ھە، ئەمدى جايىغا چۈشۈپتۇ. يوللاشنىڭ بەلگىسىنى بېسىپ بولغاندىن كىيىن بىر-بىرلەپ تاللىماي، يانمۇ-يان تۇرغان رەسىملەرنى سىز دېگەندەك سۈرۈپلا ماڭسا تېز تاللىغىلى بولىدىكەن.

  30. iOS5 كە Home كۇنۇپكىسىنى ئىشلەتمەي باشقۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان. ماڭا ھەممىدىن بەك يارىغان ئىقتىدارى مۇشۇ دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ.
    بۇ ئىقتىدار ئادەتتە ئىتىك بولىدىكەن. ئۇنى ئېچىش ئۇسۇلى مۇنداق: 设置 نىڭ ئىچىگە كىرىپ 通用 نىڭ ئىشىكىنى چېكىسىز ۋە كىرىپ سەل ئىچكىرىگە قارىسىڭىز 辅助功能 نى كۆرىسىز. سىز قىلچە تارتىنماي 辅助功能 نىڭ ئىچىگە كىرىپ قارىغۇدەك بولسىڭىز AssistiveTouch نىڭ قىممىتىنىڭ ئىتىك ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. بۇنى ئېچىۋېتىپ قاراپ بېقىڭ. ئېكرانغا بىر ئوتتۇرىسى ئاق، ئەتراپى قارا ئايفوننىڭ ئايكۈنىگە ئوخشايدىغان بىر بەلگە پەيدا بولىدۇ. بۇ بەلگە دەل ئاشۇ Home كۇنۇپكىسىنىڭ رولىنى تولۇق ئۆتەيدىغان بەلگىدۇر. بۇ بەلگىنى باسسىڭىز ئىچىدە بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان بەزى ئىقتىدارلار بار. مەن ئادەتتە بۇنىڭ خومىنىڭ رولىنى ئۆتەيدىغان ئىقتىدارىنىلا ئىشلىتىمەن. سىز Home كۇنۇپكىسىنى قانداق ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز بۇنىمۇ شۇنداق ئىشلىتەلەيسىز: ئەپلەردىن چېكىنىش، نۆۋەتتە ئىجرا بولۇۋاتقان ئەپلەرنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈش… ۋاھاكازالار.

  31. مىنىڭ ئامرىكا تەۋەلىكىدىكى ئاي دى رىم تاقىلىپ قالغان ئىدى چىققان خەتتىن كۆرسەتمىلەرنى بېسىپ نەچچە كۈن ھەپىلىشىپ ئاچالمىغانتىم. ئېلىخەت ساندۇقۇمغا قارىسام (ئەسلىدىكى مەخپى نومۇر بىلەن)ئالما تەرەپتىن بىرمۇنچە ئۇچۇر كەپتىكەن ئيچىپ قارىسام ئەسلى تىزىملاتقان چاغدىكى كۆزنەككەن. مەخپى نۇمۇر كاتىكىگە باشقا مەخپى نومۇر سېلىپ ئىجراقىلسام ،ئاي دى رىم ئەسلىدىكىدەك ئىشلەپ كەتتى(ھىجايغان چىراي ئىپادىسى).

  32. ھازىر سائەت (شىنجاڭ ۋاختى) 10:35pm بولدى! مۇشۇنىڭدىن نەخ 4سائەت ئىلگىرى iPhone 4دىن بىرنى (4.3.2نەشىرلىك) 4.3.3 گە كۆتىرەلمەي قىينالدىم، ھەرقېتىم مەشغۇلات قىلسام شۇنداق ئوڭۇشلۇق كىتىپ بېرىپ ئەڭ ئاخىرىغا كەلگەندە (خاتالىق ئۇچرى 1) چىقىۋېلىپ جېنىمنى چىقىرۋەتتى، مەشغۇلاتىم يېرىم يولدا توختاپ قالدى بولغاچ ،ئۈسكىنىنى iTunesغا چېتىڭ دەپلا تۇرۋالدى. شۇنىڭ بىلەن توردىن ئۇيان بۇيان ئاختۇرۋېتىپ (fixrecovery43) ئىسىملىك مۇنۇ دورىنىڭ يانفۇنۇمغا شىپا قىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم دە! چۈشۈرۈپلا ئىشلىتىۋېدىم شىپا قىلىپ قالدى!
    ئەسكەرتىش: ئەگەر (ىاتالىق ئۇچرى 1) گە يولۇقۇپ قالسىڭىز ، ئىرىنمەستىن ئاستا دوڭغۇيۇپ USBئېغىزىنى ئالماشتۇرۇپ چېتىپ ئىشىڭىزنىڭ ئاخىرىنى قىلىۋېتىڭ،ھەرگىزمۇ مەندەك (بېشىڭىز قىچىسسا پۇتىڭىزنى قاشلاپ يۈرمەڭ)
    fixrecovery43نى ئىشلىتىش ئۇسسۇلى
    1: ئۇنى پىرىستىن يىشىپ بولغاندىن كىيىن ئىچىدىكى (zlib1.dll) ئىسىملىك بىرنىمىنى windows/system32 نىڭ ئىچىگە يۆتكەڭ.
    2:fixrecovery43نى قوزغۇتۇڭ
    3: كۆزنەك ئېچىلغاندىن كىيىن ئۈسكىنىنى ئۇخلاش ھالىتىگە كىرگۈزۈڭ.
    4:ئەمدى ،بىردەم ساقلىسىڭىز ئۈسكىنە ئېكرانىدا خەتلە يۈرۈشكىلى تۇرىدۇ!(ھېچيىرىگە تەگمەڭ جۇمۇ! تاكى ئۈسكىنە قوزغۇلۇپ بولغۇچە)

    يەنە نىمگە قارايسىز! ئىش تۈگىدى! iTunes نى قوزغاتماي تۇرۇپمۇ ئوڭشىۋەتتۇق مانا !

  33. iTunes نىڭ كومپىيۇتېرغا چۈشۈرگەن ئويۇنلىرىنى ئەسلىدىن C دېسكىغا چۈشۈرىدىغان بولغاچ C دېسكا ئاسانلا توشۇپ كېتىدۇ. بۇنى ناھايىتى ئاسانلا بىر مەشغۇلات بىلەن D دېسكىغا، ياكى خالىغان بىر جايغا يۆتكىۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق:
    iTunes نى ئېچىپ 编辑 دىن 偏好设置 نى ئېچىڭ. ئۈستىدىكى تاللاش كارتىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى 高级 نى بېسىپ قارىسىڭىز ئۈستى تەرەپتە ئۇنىڭ چۈشۈرگەن ئەپلەرنى ساقلايدىغان ئورنى كۆرسىتىلگەن. 更改 نى بېسىپ D دېسكىنىڭ مەلۇم ئادرىسىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئىش تامام.
    ئەگەر سىزنىڭ بۇرۇن چۈشۈرۈپ بولغان ئەپلىرىڭىز بولسا، ئاۋال ئۇنىڭ ھەممىسىنى بۇرۇنقى ئادرېستىن مۇشۇ جايغا يۆتكەڭ. (ئادەتتە بۇ مۇندەرىجىدە بولىدۇ:
    我的文档\My Music\ iTunes\ Mobile Appilication
    مۇشۇ جايدىن تېپىپ سىز بايا تەڭشەپ قويغان ئورۇنغا يۆتكەڭ. ئاندىن ھەممىنى تاللاڭ. تاللاپ بولۇپ سۆرەپلا iTunes قا ئەكىرىڭ. بۇرۇن بار ئىدى، قانداق قىلىسەن دېگەندەك ئەسكەرتمە چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن 替换 نى تاللىۋەتسىڭىز يېڭى ئورۇندىكى ئەپلەرنى ئېسىدە تۇتىۋالىدۇ. نەچچە تال ئەپ بولسا شۇنچە قېتىم ئەسكەرتىدىغان ئىش بارغۇ دەيمەن. بۇنى بىر قېتىم مۇشۇنداق « جاپا چېكىپ » قويغاندىن كىيىن داۋاملىق بىز دېگەن جايغا چۈشۈرىدۇ. بىلگەن بولساق ئەڭ دەسلىۋېدىلا شۇنى تاللاپ قويۇش ئەڭ مۇۋاپىق، ئەلۋەتتە.

  34. ئادەتتە 1 دانە Apple ID ئالما ھېساۋاتىنى پەقەت 5 دانە ئۈسكۈنىگە باغلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە iTunes قاچىلىغان PC (كومپىيۇتېر) مۇ بار بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى پەقەت ئۆزىمىز 1 كىشىلا ئىشلەتكىنىمىز ياخشى. باشقىلارغا دەپ بەرسەك بۇ چەك بىردەمدىلا توشىدۇدە، ئاخىرىدا سىز ئۆزىڭىزمۇ بۇ ھېساۋاتىڭىزنى ئىشلىتەلمەي قالىسىز. بۇنداق ئەھۋالدا باشقا ئۈسكۈنىلەردىكى مۇشۇ ھېساۋاتنى ئىشلىتىش ھوقوقىنى ئېلىپ تاشلاش ئارقىلىق بۇ باش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالايمىز. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق:
    ئاۋال iTunes نى ئېچىڭ. ئاندىن iTunes Store نىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى Apple ID رىڭىزنى باسىسىز. ئەگەر كىرمىگەن بولسىڭىز 登录 دەپ كۆرىنىدىغۇ دەيمەن. كىرىسڭىز iTunes Store نىڭ مۇشۇ جايىدا ئالما ھېساۋاتىڭىز كۆرىنىدۇ. رەسىمدىكىدەك

    cancel-authorized-01

    ئاندىن مەخپى نومۇرنى يەنە بىر كىرگۈزۈپ ھېساۋات بېتىڭىزنى ئاچىسىز. ئاستىغىراق ئەكەلسىڭىز 云端iTunes دەپ بىر جاي بار. مۇشۇ يەردە سىزنىڭ مۇشۇ ھېساۋاتىڭىزنىڭ قانچە دانە ئۈسكۈنىگە باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رەسىمدىكىدەك (رەسىمنى چېكىپ چوڭ رەسىمنى كۆرۈڭ.)

    ئاخىرىدىكى 管理设备 نى بېسىپ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ.

    cancel-authorized-02

    مەسىلەن مېنىڭ پەقەت 2 لا ئۈسكۈنىگە باغلانغان ئىكەن. بىرى iPhone ، بىرى مۇشۇ كومپىيۇتېرىم ئىكەن. رەسىمدىكىدەك:

    cancel-authorized-03

    سىزمۇ شۇلاردىن ئۆزىڭىزگە لازىملىقنى پەرق قىلىپ بولۇپ، باشقىلىرىنى ئاخىرىدىكى 删除 نى بېسىپ چىقىرىۋەتسىڭىزلا كۇپايە. ئاندىن مۇشۇ كومپىيۇتېرنى ئۆزىڭىزنىڭ ھېساۋاتىڭىزغا باغلىسىڭىز (ھوقۇق بېرىش دېگەن گەپ، خەنچە 授权) سىز دېگەن مەسىلە ھەل بولىدۇ.

    بۇنىڭ ئۇسۇلى:

    iTunes تىزىملىكى ئىچىدىكى Store دىن 对这台电脑授权 نى باسىسىز. ئاخىرىنى مېنىڭچە ئۆزىڭىز قىلالايسىز.

  35. ئەمىلىيەتتە بۇغۇ كۆپىنچە تورداشلار بىلىدىغان بىر ئاددى ئىش ، ئەمما بىلمەيدىغانلارمۇ بولۇپ قالسا پايدىلىنار دەپ يوللاپ قويدۇم، ( ئەسلى باشقا بىر يەردە يازغان ئىنكاسىم ئىدى )
    چۈنكى ، تېلىفۇن ئالماشتۇرغاندىن كىيىن بۇرۇنقى تېلىفۇندىكى ، تېلىفۇن دەپتىرىدىكى نۇمۇرلارنى كىيىنكى يېڭى تېلىفۇنغا كۆچۈرۈپ بولالماي ئاۋارىچىلىق تارتىپ ، قاخشىغانلاردىن نەچچىنى ئۇچرىتپ قالدىم، شۇڭا يوللاندى …

    تېلىفۇن دەپتىرىدىكى نۇمۇرلارنى زاپاسلاش ۋە قايتۇرۇشنىڭ مۇنداق بىر قولايلىق ئۇسۇلىنى تونۇشتۇراي ؛ سىناپ بېقىڭ …

    سىز يانفۇنىڭىزغا QQ 同步助手 دىگەن دېتالنى قاچىلاپ ، بۇ دېتال ئارقىلىق تېلىفۇن دەپتىرىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ تىزىملىگىنى تورغا يوللاڭ ، QQ 同步助手 دىگەن بۇ دېتال سىز يوللىغان بارلىق تىزىملىكنى ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىرىدا ساقلايدۇ ، ( تېلىفۇن خاتىرسىدىكى كىشىلەرنىڭ تىزىملىگىنى تورغا يوللىغاندا ۋە توردىن چۈشۈرگەندە سىزنىڭ كىيۇ كىيۇ نۇمۇرىڭىز ۋە مەخپى نۇمۇرىڭىز بىلەن يوللاپ ، چۈشۈرىسىز ) ،
    ئاندىن تېلىفۇن ئالماشتۇرسىڭىز ، ئالماشتۇرغان تېلىفۇنغا QQ 同步助手 نى قاچىلاپ ، بىر بۇيرۇق بەرسىڭىزلا سىز بۇرۇن يوللاپ قويغان بارلىق تىزىملىكنى توردىن چۈشۈرۈپ تېلىفۇن دەپتىرىگە كۆچۈرۈپ بېرىدۇ ،
    QQ 同步助手 دىگەن بۇ دېتال تۈرمىدىن قاچمىغان ئايفۇندىمۇ نورمال ئىشلەيدۇ ، ئەمما iphone 4s تە سىناپ باقمىغان ، مېنىڭچە چوقۇم بولىدۇ … ، سىناپ باققايسىز .
    مېنىڭ تېلىفۇن خاتىرەمدە 200 دىن ئارتۇق كىشىلەرنىڭ نۇمۇرى باتى ، بۇرۇن نوكىيا 5800 ئىشلەتكەندە بۇ QQ 同步助手 دېتالى بىلەن تورغا يوللاپ قويغانتىم، كىيىن ئايفۇن ئالغاندا ، ئايفۇنغا QQ 同步助手 نى قاچىلاپ، بىر مىنۇتقان يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ 200 دىن ئارتۇق تىزىملىكنى ئايفۇنۇمغا چۈشۈرىۋالدىم ، ياخشى يېرى QQ 同步助手 دىگەن بۇ نەرسە ئۇيغۇرچە كونا يېزىقتا كىرگۈزۈلگەن تىزىملىكلەرنىمۇ يوللاپ ، چۈشىرەلەيدۇ ، نورمال قوللايدۇ …

جۇغلانگە باھا يېزىش بىكار قىلىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش