سۆز قالدۇرۇڭ

سالام پاسىبان كۇلۇبىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى! قەدىمىڭلارغا مەرھابا! «ئاز-ئاز ئۆگىنىپ دانا بولۇر، تامچە-تامچە يىغىلىپ دەريا بولۇر» دەك، پېقىرمۇ كۇلۇبىمىزدا سۆزلىنىدىغان ھەرقايسى ساھەدە تېخى ئۆگىنىش باسقۇچىدىكى ھالەتتىمەن. ئەلۋەتتە ھەرخىل خاتالىق نوقسانلاردىن خالىي ئەمەسمەن. ئۆزۈم بىلىدىغانلىرىم بولسا ياردەمدە قولۇم كۆكسۈمدە!  بىللە ئۆگىنىپ بىللە ئىلگىرلەيلى. سىلەرنىڭ تەكلىپ پىكىرىڭلار، مېنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچۈم!

无觅相关文章插件,快速提升流量



329 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! پاسىبان ئەپەندى مەن سىزنىڭ مۇشۇ سۆز قالدۇرۇش بېتىگە يازغان : ئايفون 4 ۋە ئايپەدلەرنىڭ كەچتە يوتقاندا يېتىپ ئىشلەتكەندە كۆرۇنمە يۈزىنىڭ يانتۇ بولىۋالماسلىقى ئۈچۈن قايتىش كونۇپكىسىنى 2 قېتىم بېسىپ ……. دىگەن خېتىڭىزنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن بەك پايدىلانغان ئىدىم لىكىن مىنىڭ ئايپەد2 ئەتىگەننىڭزى ئۇنداق ئۇسۇلدا قۇلۇپ سېلىپ قويمىساممۇ يانتۇ قىلسام يانتۇ بولماي بىر خىللا تۇرۇۋىلىپ خاپا قىلىۋاتىدۇ لىكىن قىززىق يېرى ئۈستىدىكى قۇلۇپ سېلىش كونۇپكىسىنى بېسىپ قۇلۇپ سېلىپ ئىكراننى قاپقارا ھالەتكە ئەكەلگەندىن كىيىن ئايپەد نى يانتۇ قىلىپ ئاندىن قۇلۇپنى ئاچسام يانتۇ بولۇۋاتىدۇ ، بۇ نىمە ئىشتۇ ئەمدى ؟ شۇنچە ھەپىلىشىپمۇ ئوڭشىياممىدىم ، ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن !  

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تۈرمىدىن قاچۇرۇپ يېشىۋەتكەن نەرسىلەرنى ياكى Cydia دىكى نەرسىلەرنى قاچىلىغانلىقتىن بولغانمىدۇ؟ مۇشۇ ئېغىرلىق سەزگۈچلۈك بىرەر ئويۇننى ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ. ئۇنىڭدا نورمال بولسا سېستىمىدىكى مەسىلە بولىشىمۇ مۇمكىن. بەك قىززىپ كەتسىمۇ شۇنداق بولارمىش. ئۆزىڭىز بىر ھەپىلىشىپ باقمامسىز.

  2. ئايپەد نى تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىۋاتىمەن ، 91 دىگەن نەرسىلەرنىغۇ ئەسلا ئىشلىتىپ باقمىدىم ، ئويۇن ئويناپ سىناپمۇ باقتىم يەنىلا ئوخشاش ، سىستىمىنىڭ بىر يېرى ئاشۇنداق توغرىلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ . قېنى يەنە بىر ھەپىلىشىپ باقاي .  

  3. سىستىمىنى ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرسام ئوڭشالدى ، شۇنىسى چاتاقنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم .

  4. مەن سېستىمىنى ٤.٢.١ كۆتەرمەكچىدىم ليكىن 1015 خاتالىقى چقىۋالېدى ئېغىركورمەي مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    ئايپەد نىڭ ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچىسى ۋە 360 نىڭ تور كۆرگۈچلىرىدە باشقا تور بەتلەرنورمال پەقەت مۇشۇ بىلوگلا نورمال كۆرۈنمەيدۇ يەنى بەتنىڭ سول تەرىپى پۈتۈن چىقماي خەتلەرنىڭ ئازراق قىسمى كۆرۈنمەيدۇ , بۇنداق بولغاندا بەزى گەپلەرنى چۈشىنەلمەيدىكەنمەن , بۇنى قانداق قىلسام ئوڭشىلا ؟

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مېنىڭچە سىزنىڭ سېستىمىدىكى مەسىلە بولىشى مۇمكىن. باشقا iPad بىلەن سىناپ كۆرۈڭ. 360 دېگەن ئوغرىنىڭ نەرسىسىنى ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتمەڭ. كومپىيۇتېرغا بۇنىڭدىن بەلەنرەك نەرسە بولسا مەن ئەڭ ئاۋال بۇنى ئىشلەتمەيتتىم. ئايفونغا ئەسلا قاچىلىماسلىق كېرەك. چۈنكى ئايفوندا بۇنىڭغا ھېچ ئېھتىياج يوق. بۇنىڭدىن باشقىسىغا كۆنسەكلا بولىدىغان مەسىلە.

  6. مەن سېستىمىنى 4.2.1 كۆتەرمەكچىدىم ليكىن 1015 خاتالىقى چقىۋالېدى ئېغىركورمەي مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز

  7. ئەپلەرنى قوزغاتسام ئېچىلماي ئارقىغا يېنىپ كېتىپ بارىدۇ. لېكىن ئويۇنلار نورمال قوزغىلىدۇ. قانداق بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم. ياردەم قىلغان بولساڭلار دوسلار

    • iTunes ئارقىلىق قاچىلاڭ. مۇشۇنداق بولمايدۇ. ئەگەر بۇنىڭ بىلەن قاچىلىسىڭىزمۇ شۇنداق بولسا قاچىلىغان ئەپتە چاتاق باركەن. ئەپنى يەشكىچە بۇزۇلغان، ياكى سىز چۈشۈرگىچە بۇزۇلغان بولىشى مۇمكىن.

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىان قېرىندىشىم. مەنmacbook air دىن بىرنى ئېلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم،تۇنۇگۇن سىز itunes 10.5 نى چۇشۇرۇپ يېڭلاشنى تەۋسىيە قىلغاندا ، يېڭىلىسام itunes ئېچىلماس بوپ قالدى. چۇشۇرگەننى ياياي دىسەم يېيېلماۋاتىدۇ. شۇڭا بۇھەقتە ماڭا كورسەتمە بەرسىڭز، ياكى شۇ macbook air غا ئائىت ئۇيغۇرچە تەپسىلى چۇشەنچە بېرىدىغان تور بەتلەر بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز بوپتىكەن، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن..ئامىين……

    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر قايسىڭلارios 5.0 نىڭ پەيزىنى سۇرۇپ باقتىڭلار، ئادەمنى تەقەززا قىلماي تىزراق دىسەڭلارچۇ؟

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. Macbook Air نىڭ قاچىلانغان سېستىمىسى Mac بولغىيتى؟ بۇنىڭ ئۆزىدىلا بار ئىدى. Desktop ھالەتتە تۇرۇپ سول تەرەپ ئۈستىدىكى ئالمىنىڭ سۈرىتى بار جاينى باساتتۇققۇ دەيمەن. شۇنىڭ ئىچىدە 检查更新 دېگەن يەر بار. شۇنىڭ باسساق پۈتۈن سېستىمىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ يېڭى نۇسقىسى بارلاورنى ئۆزى ئاپتۇماتىك يېڭىلاپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ سىناپ بېقىڭ. تۈنۈگۈن تەۋسىيە قىلغىنىم Windows نۇسقىسى ئىدى. بىلمىدىم Mac تە ئاچساق ئاپتۇماتىك Mac نۇسقىسىنى چىقىرىپ بېرەمدۇ يوق

  9. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان بۇرادەرmacbook air غا سېستىمنى قانداق يېڭلايمىز؟ بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئىگە بولسىڭىز چۇشەنچە بەرسىڭىزبوپتىكەن. ياكى بۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇيغۇرچە تەپسىلى چۇشەنچە بېرىلگەن توربەتلەر بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز تولىمۇ مىننەتدار بۇلاتتىم.

  10. .ياخشىمۇ سىز ! Cydiaئىچىلمايۋاتدۇ.سىزچە بۇنۇڭ سەۋەبى نىمدۇ؟ئىچىلىش ھالتىدىن باشقا ئىنكاس يوق

  11. رەڭلىك ئۇچۇرنى تەڭشەۋالدىم .رەخمەت سىزگە ! بىراق مەن يەنە بىر مەسىلگە يولوقۇپ قالدىم .يەنى: Cydia غا http://apt.weiphone.com دېگەن مەنبەنى قوشۇشۇمغا تىلفون يۈزىدە بىرمۇنچە ئىنگىلسچە خەتلەر چقىۋالدى. مەن restart دىگەن خەتنى باسسام تىلفون قايتا قوزغۇلۇپ يانا شۇ خەتلەر چىقۋىلپ باردۇ. سۈرەتمۇ بەك ئاستىلاپ كەتى.تىلفونۇمنىڭ چوقۇسىغا Exit safe modeدىگەن خەت چىقۋالدى .رەنجمەي مەسلھەت بەرگەن بولسىڭىز !

    • Cydia دىن قاچىلىغان نەرسىنىڭ چاتىقى. ھازىر ئايفونىڭىز بىخەتەر ھالەتكە ئۆتىۋاپتۇ. ئاشۇ خەتنى بېسىپ ئايفوننى قايتا قوزغاتسىڭىز ئوڭشىلىدۇ. قوزغىتىپ بولۇپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچىلىغان نەرسىنى يۇيىۋېىتڭ. شۇ سېستىمىغا چاتاق سېلىپ كۆرۈلگەن ئەھۋال. ئىلاج بار تۈرمىدىن قاچۇرماڭلار، قاچۇرمىساڭلار ئۇنداق ياخشى مۇنداق ياخشى دېگەن بىكار گەپ ئەمەس. تۈرمىدىن قاچۇرغاندىكىن ئۇنى بۇنى قاچىلىغۇڭىز كېلىدۇ. مۇشۇنداق ئاستىلاپ قالىدىغان، ھېلى ئۇنىڭدىن ھېلى بۇنىڭدىن چاتاق چىقىدىغان ئىش چىقىدۇ.

  12. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان قېرىندىشىم.مەن سىزنىڭ بۇ تور بېتىڭىزنى كۇندە كۇرىمەن،،،ناھايىتى ياخشى خىزمەت قىلۋاتىسىز…ھارمىغايسىز….اللە رەخمەت قىلسۇن……مەخسەتكە كەلسەم،مەن يىقىندا ئىككىنچى قول ئايپودتاچ يەنى 4.ئەۋلاد ئايپود سىتىۋالغان ئىدىم..سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى بىرەر قۇر كۈرۈپ چىقتىم ئەمما كومپىيۇتېردىن بۇ ئەسبابقا كىنو فىلىم ،ناخشا مۇزىكا،ۇيۇن دىگەندەك نەرسىلەنى زادىلا قاچىلاشنى بىلەلمىدىم…بۇ نەرسىنى كومپىيۇتېرغا چاتسام ئاپاراتىنىلا تۇنۇۋاتىدۇ…ئېغىر كۈرمەي مۇشۇ ئايپود توغرىلىق ئازراق كۈرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز….رەخمەت.

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىزگىمۇ ئوڭ تەرەپتىكى «نادىر يازمىلار» دەپ ئات قويىۋالغان ئاتالمىش نادىر يازمىلىرىمدىن 1~2 نى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىزگە لازىملىق نەرسىلەر شۇ يەردە بار. iTunes ھەققىدە ساۋات دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.

  13. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ھەقلىق ئەپلەرنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن بانكا كارتىمىزنى تورغا ئۇلىساقلا بولامدۇ ؟ مۇمكىن بولسا ھەقلىق ئەپلەرنى سېتىۋىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە ا يەنە iCloud ۋە twitter  نى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ تىما يوللانسا بولاتتى !

  14. ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم

    پاسىبان ئەپەندى:

    مىنىڭ يېڭى 4- ئەۋلاد ئايفۇن ئالغىم بار ئىدى.iPhone 4 غا قارىغاندا يىڭى چىققان iPhone 4S ئىقتىدارلىق ،نوچا چىقامدۇ؟؟ئىككىسىنىڭ قانداق پەرقى بار؟؟ تورغا چىققاندا قانداق چىقىدىكەنمىز….. تىلفۇن كارتىسىدا چىقساق پۇل بەك جېق كىتەر ھەقاچان…..ياكى كارتىنى ئايلىق توسەن قىلىپ بىرەمدۇ؟؟؟ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى بىمالال زىيارەت قىلىپ،ئىنكاس يازالامدىمەن..؟ بۇ ئايفون ياخشىمۇ؟؟.ئشلىتىش قولايلىقمۇ؟؟؟؟ياكى ھەپتىدە بىر سىستىما قاچىلاپ ئوڭشىتۇپ ئىشلىتىشكە توغرا كىلەمدۇ؟؟؟ئەگەر سېتىۋالماقچى بولساق نەدىن، قانداق سېتىۋالىمىز؟؟؟؟؟ iPhone 4 قانچە پۇل..؟؟ iPhone 4S چۇ..؟؟ بازارلاردا ساختا ئايفونلار بەك كۆپكەن، ھەقىقى ئايغوننى قانداق پەرىقلەندۈرىمىز….؟؟ھەقىقى ئايغونمۇ بىرقانچە خىلغا بۈلۈنىدىكەن،قايسىسنى ئالساق ئەڭ ياخشىسنى ئالالايمىز….؟؟؟؟؟تۈرمىدىن قاچۇرۇش دىگەن نىمە؟؟ تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى نىمە؟ كەمچىلىكىچۇ..؟؟ iOS 5 دىگەن نىمە..؟؟
    مۇشۇ توغۇرسىدا ئىنىقراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىاڭلار….؟؟؟ رەھمەت….

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
      سۇئال دېگەننى ژىتىۋېتىكەنسىلەن جىماۋە ئوغاۋالا. مۇشۇ تور بەتتە سىز دېگەن سۇئالنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى بار. ئەگەر مۇشۇ نەرسىنى تەپسىلىي بىلەن دېسىڭىز خۇددى سۇئالنى تەپسىلىي سورىغاندەك يازمىلارغا تەپسىلىي كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى. جاۋابنىڭ ھەممىنى تاپالايمىز. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدى iPhone 4 بىلەن iPhone 4S نىڭ سېلىشتۇرمىسىنى سۆزلەپ بىر يازما يېزىلدى.

    • ئەلۋەتتە iphone4s نۇچىراق چىقىدۇ-دە( چۈنكى يېڭىسىنىڭ سەپلىمىسى كۆنىسىدىن ئىلغار بولىدۇ).
      ئىككىسىنىڭ پەرقىنى يېقىننىڭياقى يوللانغان تېمىلاردىن كۆرۈڭ.
      تورغا ئۆيدە بولساق wifi بىلەن سىرتتا بولساق 3G بىلەن چىقساق بولىدۇ.
      بۇ ئايفون بەك ياخشى (مەن ئۈچۈن)
      بەزىدە سېستىما قاچىلاپ ئويناشمۇ بىر ھوزۇر.(سېستىمىسىغا چىقىلمىسىڭىز، ھەرگىز قاچىلىمايسىز)
      سېتىۋالماقچى بولسىڭىز سىز يېڭىدىن ئالىمەن دىگەندىن كېيىن ئۇدۇللام مەخسۇس سېتىش ئورنىدىن ئېلىڭ. ئىككىنجى قول ئايفوننى ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ساختىسى كۆپەرەك قوش كارتىلىق ۋە ئىچكى سېغىمى كىچىك( ئۆزىڭىز فىلاش كارتا ئارقىلىق چوڭايتىسىز).
      قۇلۇپى يوق ئايفون ئېلىڭ.
      تۇرمىدىن قاچۇرۇش دىگەن : سېستىمىنىڭ يوچۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۈچىنجى تەرەپ تەمىنلىگەن ھەقسىز پىروگگىراممىلارنى ئىشلىتىش(مەن مۇشۇنداق چۈشۈنىمەن) تەپسىلى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ يەردىن مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردىن كۆرۈڭ.
      IOS5 دىگەن : خۇددى بىر كومپىيوتۇرغا قاچىلايدىغان win xp,win7,ubuntu

      • قۇلۇپسىز ۋە قۇلۇپلىقنىڭ قانداق پەرقى بار؟؟ مەن يەنىلا يىڭى چىققان iphone4s نى ئالايمىكىن دەپ قالدىم… سىزنىڭچە قانداق؟؟ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئەڭ تېز بولغاندا يىل ئاخىردا Iphone4s نى بازارغا سالىدكەن….شۇ چاغدا ئىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن… مەن يەنىلا iphone غا بولغان بىلىمىمنى مۇستەھكەملىگەچ تۇراي…..دوسلارنىڭ بۇ ھەقتە ماڭا كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن…
        مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر تۈۋەندىكى ئادىرىستا:http://www.nur.cn/html/news/35401.shtml

        • قۇلۇپسىز بىلەن قۇلۇپلۇقنىڭ پەرقى شۇ سېستىما نەشىرىنى كۆتۈرگەندە بولىدۇ،
          مەن 5 چىققىچە كۈتىمەن ئەمدى، ئۇنىڭغىچە 4نى ئىشلىتىپ تۇراي.

  15. سالام پاسىبان مەن بىر دوستۇمنىڭ ئىككىنجى ئۋلاد ئايفونىنىڭ نەشىرىنى كۆتۇرگەن 3.1.2دىن 4.2 گە لىكىن مەن بۇ ئايفۇننىڭ قۇلۇپلىقىنى ئۇخماپتىمەن ئەمدى مانا سىم كا نى تۇنىمايۋاتىدۇ بولسا مۇشۇنىڭغا بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىىز.

  16. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،پاسىبان ئەپەندىم،iphone4 نىڭ ئامېرىكا نۇسخىسىغا ios5.0 قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ئاڭلىسام ئۇنداقلىرى كارتا تونۇمايدۇ،جۇڭگو نۇسخىدىكى iphone4 كىلا ios5.0 نى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولڭدۇ دەيدۇ،بۇ قانداق گەپ؟

    • مېنىڭمۇ ئامېرىكا نۇسقىسى. بۇنىڭ قۇلۇپى بولىدۇ. يەنى خالىغان كارتىنى سېلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قۇلۇپ يېشىش كېرەك. قۇلۇپ يېشىش ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرۇش شەرت بولىدۇ. 5.0 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئېلان قىلىنمىدى. ئۇ چاغقىچە يېڭىلىماي تۇرۇش لازىم. جۇڭگو ياكى شياڭگاڭ نۇسقىسىدىكى ئايفوننىڭ قۇلۇپى بولمايدۇ. بۇنداق ئايفوننى خالىغانچە سېستىما يېڭىلاپ ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرۇش شەرت ئەمەس.

      • پاسىبان ئەپەندىم،ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى قۇلۇپلۇق iphone4 نى جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەردە نورمال ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟

        • ئامېرىكا نۇسقىسىنى جۇڭگودا ئىشلەتكەندە قانداق ئىشلەتكەن بولساق باشقا يەردىمۇ شۇنداق ئىشلىتىدىغان گەپ. ئامېرىكا نۇسقىسى ئاتايىن جۇڭگودا نورمال ئىشلەيدىغان قىلىپ ياسىمايدۇ. AT&T نىڭ كارتىسىدىن باشقا ھەرقانداق بىر كارتىنى (دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە) سالغىنىمىزنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر ئىش. ھەتتا ئامېرىكىدا تۇرۇپمۇ Sptint نىڭ ياكى Verizon نىڭ كارتىسىنى سالساق ئىشلىمەيدۇ.

  17. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبام قېرىندىشىم سالامەت تۇرۋاتامسىز؟ ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن، ئىشلىرڭىزنى ئۇڭۇشلۇق قىلسۇن ئامىين…face temi نى خالىغان بىر كارتا بىلەن ئاكتىپلىساق نورمال ئاكتىپلانغاندىن كىيىن ، باشقا كارتىغا ئالماشتۇساق قايتا يەنە ئاكتىپلامدۇق؟ ھەر بىر قېتىملىىق face temi نى ئتىىپ ئېچىش ئۇچۇن، خەۋەرلىشىش شىركەتلىرنىڭ ئۇچۇر كەسىپلىرى پۇل تۇتۇۋالامدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە چۇشەنچە بەرسىڭىز؟

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
      ھەر بىر قېتىم كارتا ئالماشتۇرغاندا بىر قېتىمدىن ئۇچۇر ئېۋەتىدۇ. ئۇچۇر ئېۋەتكەن ئىكەن چوقۇم پۇل تۇتىدۇ. مېنىڭمۇ بۇ ئايدا 3 قېتىم 1 يۈەندىن 3 يۈەن پۇل تۇتۇپ بوپتۇ :oh,no:
      ئۇچۇر ئېۋەتىش ئالدىدا سىزدىن «ئۇچۇر ئىۋەتكەندە پۇلنى تېلېگراف شىركىتى تۇتۇپ قالىدۇ » دېگەندەك بىر ئەسكەرتمە شەكلىدە سۇئال سورايدۇ. ئەگەر ئېتىپ ئاچقاندا مۇشۇنداق ئۇچۇر چىقسا ئۇ چاغدا ئۇنىڭغىمۇ 1 يۈەندىن تۇتىۋالىدۇ. ئۇچۇر چىقامدۇ يوق قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ. لېكىن كارتا ئالماشتۇرغاندا چوقۇم شۇنداق بولىدىكەن.

  18. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر، سالامەت تۇرۇپسىلەر. قايسىڭلار ipad2 گە 读卡器 (ئۇيغۇرچە ئاتلىشىنى بىلەلمىدىم) سەپلەپ ،ئۇنىڭغا باشقا ئۇسكۇنلەرنى چېتىپ ئىشلىتىپ باقتىڭلار؟ مۇشۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئىگە بولساڭلار چۇشەنچە بەرسەڭلار بوپتىكەن.

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ نەرسىە توردا 25 يۈەندىن تارتىپ 150 يۈەنگىچە ھەرخىل باھادا ئىكەن. iPad تىكى iFile دېگەن نەرسە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىدىكەن. كارتىدىكى رەسىم ۋە فىلىملەرنى بىۋاستە iPad كە كۆچۈرگىلى بولىدىكەن. ماۋۇ بەتتە بار ئىكەن. تەپسىلاتىنى مۇشۇ بەتتىن كۆرۈپ بېقىڭلار http://detail.tmall.com/item.htm?id=9419983297

  19. مەن iphon4 دا قوڭۈىراق ئاۋازى قاچىليالمىدىم ،itunes قا ئۇلانغاندىن كىيىن itunesتىزملىكىدە 冷声دىگەن ئۈزۈندە پەقەتلا چىقمىدى ،ياردەم قىلسڭىز بوپتىكەن. رەھمەت ،،،ئاۋارە قىلىدغان بولدۇم …

  20. بىر نەرسىنى سوراي دىگەن كۇلۇبتىن خېلى ئىزدەپ تاپالمىدىم. بار بوپقالسا ئوقۇڭە مانا دەپ ئەكەپ قويالا. ئايتيۇنزدا بىز ئەپ ستوردىن چۈشۈرگەن ھەممە ئەپلەر ساقلىنىپ قالىدىكەن ئۇلارنى ئايتيۇنىزدىن قانداق ئۆچۈرىمىز؟

    • بۇ توغرىسىدا بىر نەرسە يازمىغان. بۇ بەكلا ئاددىي، خۇددى كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىدەكلا. iTunes نى ئېچىپ، سول تەرەپتىكى 应用程序 دىن بىز چۈشۈرگەن بارلىق ئەپلەرنى تاپالايمىز. ئاندىن خالىغان ئەپنى ئۆچۈرمەكچى بولساق ئوڭ تەرەپنى چېكىپلا 删除 نى باسساق بولدى. يەنە بىر ئەسكەرتمە چىقىدۇ «كومپىيۇتېردىنمۇ ئۆچۈرەمسەن» دەپ، ئۇنىڭدىن 移动回收站 دېگەننى تاللايمىز، كومپىيۇتېرنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا كېتىدۇ.

  21. پاسىبان ئەپەندىم،،،پات-پات تېما يوللاپ تۇرسىڭىز بوپتىكەن!!! كۈندە يېڭى تېمىلارنى كۆرۈپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن،ھېيت سەۋەبىدىنمۇ ئىشقىلىپ تېمىلار ئازلاپ قالدىغۇ تاڭ….؟؟؟

  22. ھېيت تۈگىمىگەن ئوخشىمامدۇ؟ ! (قېنى ماۋۇ چىراي ئىپادىلىرى ) ھېيتنىمۇ باك ئۇزۇن ئوينىساق سالامەتلىككە زىيانلىق، گۆشنى يەۋىرىپ قان دا ماي ئېشىپ كەتمىسۇن يەنا ! (ھىجىيىپ تۇرۇپ قاش ئاتقان چىراي ئىپادىسى). سىلى ھېيتنى ئوينا ۋەگەنبىلەن ما بىزنىڭ خۇما تۇتۇپ كەتتى دەيمە! ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تازا خۇمانى باسىدىغان تىمالىرىڭىزدىن بىرەتال يوللىۋەتكەن بولسىڭىز زەەەەە! (تەھتىد ئەمەس جۇمۇ پەقەت كىچىككىنا ئىلتىماس!)

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش