سۆز قالدۇرۇڭ
سالام پاسىبان كۇلۇبىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى! قەدىمىڭلارغا مەرھابا! «ئاز-ئاز ئۆگىنىپ دانا بولۇر، تامچە-تامچە يىغىلىپ دەريا بولۇر» دەك، پېقىرمۇ كۇلۇبىمىزدا سۆزلىنىدىغان ھەرقايسى ساھەدە تېخى ئۆگىنىش باسقۇچىدىكى ھالەتتىمەن. ئەلۋەتتە ھەرخىل خاتالىق نوقسانلاردىن خالىي ئەمەسمەن. ئۆزۈم بىلىدىغانلىرىم بولسا ياردەمدە قولۇم كۆكسۈمدە! بىللە ئۆگىنىپ بىللە ئىلگىرلەيلى. سىلەرنىڭ تەكلىپ پىكىرىڭلار، مېنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچۈم!
مىنىڭمۇ بەزىدە شۇنداق بوپقالىدۇ، قايتا قايتا قاچىلاپ باققان بولساممۇ كار قىلمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قوزغالمايدىغان ئەپلەرنى يۇۋېتىپ ئايتۇنس دىن قايتا قاچىلاڭ،شۇنىڭدا ئاللا خالىسا قوزغىلىدىغان بولىدۇ.
جۇغلان ئالمىغا يامان بولاپ كېتىپ بارىسىز جۇما! بىرەر ماقالە يېزىپ بىلگەننى ئوتتۇرىغا تۆكمەيلىما؟ ئىچىمىزدە سېسىپ كەتمىسۇن يانا؟
ۋاي ياقەي، شۇ سىزنىڭ ئېلتىپاتىڭىز بىلەن مۇشۇنچىلىك بولىۋالدۇق، مۇشىنچىلىك بولغىچە سىزنى كۆپ ئاۋارەقىلىپ، قاقشىتىپمۇ قويغان يەلىرىم با، رازى بولۇڭ.
allah rahmat kilsun. xu itunes kaqilsam burunki narsilarni yuywetidikan. naqqa kunnig aldida itunes ta quxrep itools wa togbo larda kaqilaytim. tunugun kaqilsam xu itunes ta quxurganni kaqilyalidi amma togbu wa 91 larda quxur ganni magdursam magmay maglup boldi dap uqur qikiwatidu. yana bir ix aypunumga kaqilgan togbu da bir narsa quxursammu yixilmay kaqilanmawatidu bu nima ixtu bilalmidim. kaqurug kompiyotir da uygurqa yazsam arapqa qikiwelip latinqa yezixka majbur boldum.
مەنمۇ App Store دىن چۈشۈرگەن نەرسىلەرنى iTools ئارقىلىق قاچىلاپ بىرەرسىدە ئۇتۇق قازانمىدىم. ھەممىسى نورمال قاچىلانسىمۇ ئېچىلمايدۇ. شۇڭا iTools قا ئوخشاش 3-تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرى ئارقىلىق مۇكەممەل قاچىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ. بۇرۇنقى نەرسىلەرنى يۇيىۋېتىدىكەن دېسىڭىز بۇنىسى راس. شۇڭا سىز بۇرۇنقى نەرسىلەرنى iTunes ئارقىلىق قايتىدىن ئۆزىڭىزنىڭ ھېساۋات نومۇرى ئارقىلىق چۈشۈرۈڭ. يەنى ھازىرقى iTunes ئامبىرىڭىزدا مۇشۇ ئەپلەر بار بولسىلا بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا يۇيۇلمايدۇ.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم .
كومپىيوتىرنىڭ 主机IP地址或是URL قانداق چۈشۈنىمىز قانداق تېپىش مۇمكىن ياردەم قىلسىڭىز.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
控制面板 نىڭ ئاستىدىكى 网络连接 نى ئاچسىڭىز 本地连接 دەپ بىر نەرسە بار. شۇنى 2 قېتىم بېسىپ ئېچىڭ. ئۈستىدىكى 支持 دېگەن تاللاش كارتىسىنىڭ ئىچىدە IP ئادرىسى كۆرىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدا 详细信息 دەپ بىر كونۇپكا بار. بۇ يەردە تېخىمۇ تەپسىلىي كۆرىنىدۇ.
سىز دىگەن 主机IP地址 بىلەن 网路IP地址 ئىككىسى بقر گەپمۇ؟
؟؟؟؟
مىنىڭ تىلفۇنۇم تورغا كىرمەۋاتىدۇ. ئىشلىتىۋاتقانغا خېلى بولدى بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغان تلفۇنۇمiphone4. كارتام ليەن توڭنىڭ3Gكارتىسى ئىدى. ,نىم بولغىنىنى بىلەلمەيۋاتىمەن يانفۇنۇمنىڭ بەزى ئختىدارلىرى ئوزلىكىدىن يوقاپ كەتتى
3G تورى تاقىلىپ قالدىمۇ قاراپ بېقىڭ. 设置-通用-网络 دىن 启用3G نى ئېچىپ قويۇڭ.
ئىقتىدارى يوقاپ كەتتى دېگىنىڭىزنى چۈشەنمىدىم. قاچىلاقلىق نەرسىلەر يۇيۇلۇپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟ يۇيۇلۇپ كەتكەن بولسا iTunes ئارقىلىق قايتا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. iTunes نى چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ يازمىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.
http://bit.ly/q4ttQB
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم .
سىز دىگەن 主机IP地址 بىلەن 网路IP地址 ئىككىسى بقر گەپمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەن بۇنداق دېمىدىمغۇ؟ سىزنىڭ سوراۋاتقىنىڭىز نېمىگە دائىر سوئال؟ ئايفونغا مۇناسىۋاتلىكمۇ ياكى كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك سوئالمۇ؟ ئېنىق قىلىپ سوراڭ. كومپىيۇتېرنىڭ IP ئادرىسىنى قانداق كۆرىمىز دەپ سورىغانكەنسىز شۇنىڭغا جاۋاب بەردىم. جاۋابىمدا 主机IP地址 بىلەن 网路IP地址 نى تىلغا ئالمايۋاتاتتىم، سىز دېگەن بۇ گەپ بىرگەپمۇ دەپ سوراۋاتىسىز. بۇ گەپ قەيەردە ئۇچرىغان؟ نېمە قىلماقچى ئىدىڭىز، شۇنى ئېنىق ئېيتىڭ. خەت بويىچە تەرجىمە قىلىپ دەپ بەرسەم ھەقاچان سىزگە پايدىسى يوق.
ئەگەر تەقسىملىگۈچ (路由器) غا مۇناسىۋەتلىك جايدا ئۇچرىغان بولسا، بۇ ئىككى سۆزنىڭ:
主机IP地址 دېگىنى مېنىڭچە كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ دائىرىلىك تور (局域网) ئىچىدىكى IP ئادرىسى بولسا كېرەك. بۇ ئادەتتە 192.168 دېگەندەك سانلار بىلەن باشلىنىدۇ.
网络IP地址 دېگىنى بولسا سىزنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزنىڭ IP ئادرىسى بولىدۇ. بۇ IP غا ئاساسەن سىزنىڭ تۇرىۋاتقان شەھەر – ناھىيە، ئىشلىتىۋاتقان تېلگىراف شىركىتىنىڭ نامى دېگەندەكلەرنى بىلىش مۇمكىن.
سۇئال سورىغاندا سۇئالنى چۈشىنىشلىك، مەقسەتنى ئېنىق ئېيتىڭ. جايىدا، ئېنىق جاۋابقا ئېرىشىسىز. كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك سۇئال بولسا سورىماڭ دېمەيمەن. ئەلۋەتتە بىلىشىمچە جاۋاب بېرىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان بۇرادەر سالامەت تۇرۇپسىز ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن. ئالمىغا سەرخىل ئۇيۇنلارنى قاچىلغىلى بولغانلىقى ئۇچۇن ھەممە ئادەمنى ئوزىگە مەھلىيا قىلدۇ، بۇلۇپمۇ ‹تام›ئەپەندى كىچىك بالىلارنى ئوزىگە جەلىپ قىلدۇ. ئەمما بۇ تام ئەپەندى بىلەن باللىرمىزنى پاراڭلاشقىلى قويساق باللىرمىز بەزى چاغلاردا ئېكراندىكى ئەپلەرنى بېسىپ يۇيۋىتىدىكەن. بۇنى يۇيالماسلىقنىڭ بىرەر
مەنمۇ مۇشۇ مەسىلىگە يولۇققان ئىدىم. ئاخىرى ئوغلۇمغا چۈشەندۈرۈپ يۈرۈپ گېپىمنى ئاڭلاتتىم. تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز بۇنىڭ ئامالى بار. بۇنى كۆرۈڭ
http://goo.gl/8vNAx
بىرەر ئامالى تېپىلدىمۇ؟
???????????????
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى سىزنى يەنە ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم.
مەن App store دىن pocketCloud دەيدىغان ئەپنى چۈشۈرگەن ، بۇ ئايغون ئارقىلىق كومپىيوتىردىكى نەرسىلەرنى كۆرگىلى بۇلىدىغان ئەپكەنتۇق بىراق مەن تآزا قاملاشتۇرالمىدىم مۇمكىن بولسا ياردەم قىلسىڭىز . مەن ئالدىنقى قېتىم سۇرىغان 主机IP地址 مۇشىنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىز دېگەن نەرسىنى ئىشلىتىپ باقمىغانكەنمەن. بۇنداق نەرسىلەردە ئايفونىڭىزنىڭ IP ئادرىسى لازىم بولىدۇ ھەقىچان. 设置 نىڭ ئىچىدىن WiFi نى ئېچىپ نۆۋەتتە ئۇلانغان WiFi سىمسىز تورىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئۈچبۇلۇڭنى بېسىپ تەپسىلاتىنى كۆرسىڭىز شۇ جايدىن تاپالايسىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان بۇرادەر سالامەتمۇ سىز. ئاللاھ سىزگەيار بولسۇن.ئامىين. 91نى ئىشلەتمەسلىك كوپ تەكىتلەندى،دىمىسىمۇ شەخسەن ئۇنىڭ زىيىننى مەن كوپ تارتتىم.ئەمما ماۋۇ同步 نى ئىشلەتسەم ماڭغۇ خېلى بىخەتەر بىلىندى، يەنە سىزدىن بىر سوراپ باقاي دىدىم. بۇ بىخەتەردۇ؟
نامىنى كۆپ ئاڭلىدىم. iTunes بولغاندىكىن دەپ ئىشلىتىپ باقمىغانكەنمەن. پەمىمچە ئۇ بىخەتەرغۇ دەيمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئۆزىمىز كومپىيوتىردا تەييارلىۋالغان TXT فورماتىدىكى يۇنىكودلۇق ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنى ئايفۇندا كۆرمەكچى بولساق ، قايسى ئۇسۇلدا ، ياكى قايسى ئەپ بىلەن كۆرەلەيمىز ؟
بار. ئايرىم يازما قىلىپ تەپسىلىي يوللاي، ئىنشا ئاللاھ!
يازما كەتتى. http://goo.gl/2QuPZ
91 چوماقچىسىنى ئىشلەتمەڭلار دېگەن تەشەببۇسىنى ئايفونغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تور بەت ۋە مۇنبەر ، بلوگلاردا كۆرگەن بولساممۇ ، لىق قىلىپ ، يەنە شۇ 91 چوماقچىسىنى ئىشلىتىپ يۈرۈپتىمەن ، باشقىلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە تەجرىبىسى بولمىسا 91 چوماقچىسىنى ئىشلەتمەڭلار ، دەپ جار سالمايتتى ، مەن گەپ ئاڭلىمىغانلىقىتىن چاتاق ئاخىرى يۈز بەردى . ئۈلۈشكۈن يانفونغا بىر تال ئەپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن (يەنە شۇ 91 چوماقچى بىلەن قاچىلىمامدىم) ، ئايفون قايتا قوزغلىپ ، بىخەتەر ھالەتكە ( it safe mode) تە تۇرۇۋالدى ، ئايفوننى قايتا قوزغاتسام قەتئى نورمال ھالەتتە قوزغىلالمىدى ،ئاق ئالما بەلگىسى چىقىپ نەچچە سائەت قىتىپلا تۇرىۋالدى ، ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈپ زادى ئەسلىگە كەلمىگەندىن كېيىن ، يەنە شۇ 91 دېگەن چوماقچى دەللال بىلەن ئېچىپ ، 白苹果修复工具 نى بېسىپ ، ئوتتۇردىكى ئىككىنچى تۈر ئارقىلىق ئۈچىن تەرەپ قوزغلىش تۈرلىرىنى پۇتۈنلەي يۇيىۋىتىپتىمەن ، :sad: ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئايفونمۇ ھېسابتا قايتا نورمال قوزغالدى ، ئارقىدىنلا مەسىلە يەنە كۆرۈلدى ، يەنى cydia دىن قاچىلىغان deb فورماتىدىكى بارلىق ئەپلەرنىڭ قوزغىلىش ھۆججىتىنى تولۇق يۇيىۋىتىپتۇ ، 设置 نىڭ ئىچىدە كۆرۈنىدىغان deb فورماتىدىكى ئەپلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ سىنبەلگىسى يوق ، لېكىن 91 دېگەن چوماقچى بىلەن كومپىيۇتېردا قارىسام deb فورماتىدىكى ئەپلەرنىڭ ھەممىسى تۇرىدۇ ، لېكىن 设置نىڭ ئىچىدە يوق ، شۇنىڭ بىلەن بىر توردىشىمىزنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئايفوننىڭ ئۆزىدە cydia دا ، ئەپ بولىقى (软件包) غا كىرىپ قارىسام ، ئىلگىرى ئايفونغا قاچىلىغان deb فورماتىدكى ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تېزىملىكى باركەن ، يەنى ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويۇلغان ، cydia دا تۇرۇپ ، شۇ ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنى 1 سائەتتە دېگۈدەك قايتا قاچىلاپ چىقتىم ، كېيىن ئاندىن 设置 نىڭ ئىچىگە كىرىپ قارىسام deb فورماتىدكى ئەپلەرنىڭ سىنبەلگىسى يەنە كۆرۈنمىدى (لېكىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ نورماللىشىپتۇ ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاق ئالما ھالەتتىن يېڭى ئوڭشالغاندا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچمۇ نورمال ئىشلىمىگەن ) ، ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈپ 设置 نىڭ ئىچىدىكى deb فورماتىدىكى ئەپلەرنىڭ سىنبەلگىسىنى قەتئى ئەسىلىگە كەلتۈرۈەلمىدىم ، يەنە شۇ پىتى تۇرىدۇ ، بولسا بۇنىڭ ھەل قىلىش لايھىسىنى ئوتتۇرغا قويساڭلار ئايفونۇمنى قۇتقۇزىۋالسام ، (ئاچچىقىمدا بىراقلا 4.3.5 غا بىراقلا كۆتۈرۋەتمەكچىمۇ بولدۇم ، لېكىن 4.3.5 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بولمىغاچقا بۇ نېيتىمدىنمۇ ياندىم ) .
تەسىيە قىلىدىغىنىم : ئايفوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 91چوماقچىسى (91助手) قەتئى ئىشلەتمەسلىكىڭلارنى تەشەببۇس قىلىمەن .
پاسىبان ۋە باشقا بۇرادەرلەر ، ماڭا ھەل قىلىش لايھىسىنى كۆرسىتىپ بەرسەڭلار .
مەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاشراق چاتاققا يولۇقۇپ http://www.halastan.com/2495.html دىكى ئۇسۇل بويىچە يەنە 4.3.3 نى مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلىۋالدىم (بۇ تېمىدا كۆرسىتىلگىنى پاسىبان ئەپەندىم تەۋسىيە قىلغان خەنزۇچە تېما بىلەن ئوخشاش). سىز مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
بۇنىڭغا بۇرادەرلەر جاۋاب بېرىپمۇ بوپتۇ. ئاساسەن نېمىدىن چاتاق چىققانلىقىنىمۇ بىلىپسىز. سېستىمىنى قايتا قاچىلىماي تۇرۇپ سىز ئۆزىڭىز قولچىلاپ قاچىلىغان PXL ۋە DEB فورماتىدىكى ھەممە نەرسىنى يۇيۇپ تاشلاڭ ( ئۆزىڭىز قوشقانلىرىنى يۇيۇڭ، ئەسلىدىكى Cydia بولاقلىرى قېپقالسۇن). ئاندىن ئايفوننى قايتا قوزغىتىڭ. ئاندىن لازىملىق نەرسىلەرنى Cydia دىن بىر-بىرلەپ قاچىلاپ چىقىڭ. ئارىلىقتا قايتا قوزغاماقچى بولسا چوقۇم قايتا قوزغىتىڭ. مۇشۇنداق قىلىپ سىناپ بېقىڭ. ئەگەر يەنە ئوڭشالمىسا سېستىمىنى قايتا يېڭىلىماي ئامال يوق ئوخشايدۇ. 4.3.5 نى تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتمەن دېسىڭىز ئۇمۇ ياخشى بولىدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئىشلىتىشكە 4.3.3 ياخشى.
مايورغا جاۋاپ:
ئەگەر تېلېفۇنىڭىز نورمال قوزغالغان ۋە shsh نى مۇۋەپىقىيەتلىك زاپاسلىغان بولسىڭىز بىر ئاز جاپا تارتىپ ئەسلىگە كەلتۈرىسىز.
91 چوماقچىسى ئايفونىڭىزدىكى spring ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ،ئەڭ ياخشى ئامالى نەشىر كۆتۈرۈش ۋە چۈشۈرۈش.
1-قەدەمدە shsh نى itools ئارقىلىق زاپاسلاڭ.
2- قەدەمدە نەشىرىنى 4.3.5 كۆتۈرۈڭ.تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقتى،ئەمما مۇكەممەل ئەمەس.
3-قەدەمدە خەنزۇچىغا پىششىق بولسىڭىز بۇ يازمىدىن پايدىلىنىڭ.
http://bbs.weiphone.com/read-htm-tid-2702692.html
دىققەت: ئەگەر يۇقارقى ئۇسۇل مۇۋاپىقىيەتلىك بولماي قالسا تۆۋەندىكى يازمىدىن پايدىلىنىڭ.
http://bbs.weiphone.com/read-htm-tid-2669701.html
مەن ھازىر .ايپەد2.ارقىلىق تورغا چىقۋاتىمەن،.ەپ سىتورىغا كىرسەك فارسىلارنىڭ ھەم .ەرەبلەرنىڭ كىرگۈزگۈچلىرى بار .ىكەن ، .ۇنى ياسىماق شۇنچە تەسمۇ .ايپەدنىڭ چىققىنىغىمۇ خېلى بولدى،باشقا دىتال چىقرالمىساقمۇ كىرگۈزگۈچلەرنى ياساپ تۇرساق بۇلمامدۇ؟مەن سېستىما يېزىشنى بىلمەيمەن ھەم پروگرامما تىلىمۇ بىلمەيمەن،ھەيرانمەن ياسىماق شۇنچە تەسمۇ؟
ھىچ بولمىسا ياسىغانلارغا .ې خەت يوللاپ ھەمزىمزنى قوشۇپ بىرىشكە خەت يازساق قوشۇلۇپ قالار .ىدى،ھەقسىز .ەپ يېزىق كىرگۈچلەر ھەم بار .ىكەن شۇلارنى نەشىر ھۇقۇقى بار كشىدىن .ىجازەت .ېلىپ .ۆزلەشتۈرۈشكە بولماسمۇ؟
ئۇيغۇرچە يېزىق ئەرەپ يېزىقى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولغاچقا بۇنى بۇرۇنقى ئەرەپ يېزىقىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ ياساشقا توغرا كېلىدۇ. دېمەك بۇنىڭ ئۈچۈن سېستىمىنىڭ يادرولۇق جايلىرىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئالما بۇنى ياسىغان تەقدىردىمۇ تەستىقلىمايدۇ. پەقەت Cydia غا ئوخشاش قاچقۇن جايلاردا ئېلان قىلالايمىز. مەنمۇ بۇنى دەسلەپ ئويلاپ ئەپ ياسايدىغان شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ باققان. ئاخىرى چىقمىدى. ئۇلارغا مەقسىتىمنى ئۇقتۇرغاندىن كىيىن ماڭا مۇشۇ خىل جاۋابنى بەردى. بىز ئالمىغا ئىلتىماس سۇنىشىمىز كېرەك. شۇلار يېڭى سېستىمىدا ئۆزلىرى قوشسا بۇ چاغدا ئەڭ مۇكەممەل بولىدۇ.
ئۇف ……. بەكلا ھېرىپ كەتتىم ، تولۇق 10 سائەتتىن ئارتۇق توختىماي ئىتىشىپتىمەن ……
كەمىنە مايورنىڭ ئايفونىدا cydia دىن قاچىلىغان deb فورماتىدىكى ئەپلەر نورمال قوزغالماي بولۇپ قالغانلىقتىن ، 2 كۈن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ زادى نورمال قىلالماي ، (بۇ مەسىلىنى ئىككى كۈن بۇرۇن مۇشۇ يەرگە قالدۇرغان ئىدىم) نەشىرىنى ئاخىرى 4.3.5 غا كۆتۈردۈم (ئەسلى 4.3.3 ، تۈرمددىنمۇ قاچۇرۇلغان ، SHSHمۇ زاپاسلانغان ئىدى) ، بۇ i فامىلىلىك ئەبلەخلەر يۇقىرغا يامىشىشىقا بەكلا ئامراق ، تۆۋەنگە قاراشقا ھالى يوقمۇ ئوخشايدۇ ، نەشىرىنى چۈشۈرۈشتە ئون نەچچە قېتىملاپ سىناق قىلىپ ، مەغلۇپ بولدۇم ، ئاخىرىدا بىر قېتىم غەلبە قىلىپ ، نەشىرىنى چۈشۈرۈۋىلىشنىڭ ئېپى-جېپىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن (بۇ جەرياندا بىلوگدىكى دەرسلىك بەكلا ئەسقاتتى، گەرچە شۇنچە تەپسىلى بولسىمۇ ھامان بىر قېتىمدا مۇۋەپپىقىيەت قازانغلى بولۇش ناتايىندەك تۇرىدۇ ، بۇنىڭغا پەقەت چىدام ۋە سەرچانلىق بولمىسا بولمايدىغانلىقى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگەن ئايان) ، نەشىرىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا چۈشۈرۈپ ، ئارقىدىنلا تۈرمىدىن قاچۇرۇپمۇ ئۈلگۈردۈم ، بۇرۇن 4.3.1 نى 4.3.3 گە كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرغاندا ئىشلەتكەن قۇيما بولاق (iPhone3,1_4.3.3_8J2_Restore)بار ئىدى ، 4.3.5 دىن تولىمۇ كۆپ مۈشكۈلاتلاردا 4،3،5 غا چۈشتۈم دېسەممۇ بولىدۇ ، شۇنداقلا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولغاندا قارىسام يانفوننى SIM كارتىسىنى زادى تونۇمىدى ، تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئالدىدا ئۇنداق ئەھۋال يوق ئىدى ، تۈرمىدىن قاچۇرۇشتا ئىشلەتكىنىم بولسا redsn0w_win_0.9.6rc16 ، بۇرۇنمۇ مۇشۇنىڭدا تۈرمىدىن قاچۇرغان ، شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئالاھەزەل 3 سائەتنىڭ ئىچىدە نەشىرنى 4.3.5 غا ئۈچ قېتىم يۇقىرلىتىپ ، 4.3.3 گە ئۈچ قېتىم چۈشۈپ (ئىشى يوق زېرىكىپ قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ يەنە
، نەشىرنى چۈشۈرۈپ SIM كارتىسىنى تونۇمىغاچقا مۇشۇنداق قىلدىم ) ، ھەر قېتىمدا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولدۇم ، لېكىن تۈرمىدىن قاچۇرساملا SIM كارتىنى تونۇماي تۇرۇۋالدى ، ئىكراننىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىگە تېلېفوننىڭ بەلگىسى ، ئەستىغا يامغۇر ياققانغا ئوخشاش بەلگە چىقىۋالدى ، گوگىللاپ بېقىپ ، ئامېركا قۇلۇپلاقلىق نەشىرىدىكىسىنى تۈرمىدىن قاچۇرغاندا SIM كارتىسىنى تونۇتۇش ئۇسۇلى بويىچىمۇ قىلىپ باقتىم ( http://www.jimok.com/forum.php?mod=viewthread&tid=59 مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ) ، لېكىن كېيىن تازا ئويلىنىپ باقسام ، بۇ ئۇسۇل مېنىڭكىگە ماس كەلمەيىدىكەن ، مېنىڭ ئايفونۇم ئەسلىدىنلا چوڭ قۇرۇقلۇق قۇلۇپسىز نەشىرى تۇرسا ، ئەلۋەتتە ئۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا بولمايدۇ دە ، (GEVEY كارتا چاپلىقى ئارقىلىق ئامېرىكا نەشىردىكى قۇلۇپلانغان نەشىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىكەن ) .
مانا مۇشۇنداق نۇرغۇن رېيازەتلەرنى چېكىپ يۈرۈپ ،ئۈچ سائەتكە يەتمىەەن ۋاقىتتا 4.3.5 غا ئۈچ قېتىم چىقىپ 4.3.3 گە ئۈچ قېتىم يىنىپ چۈشتم ، لېكىن 4،3،3 گە چۈشۈپ تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېينىلا SIMكارتىنى تونۇماي تۇرۇۋىلىشى زادى ئوڭشالمىدى ، ئۇنىڭ دېگەننى ئاز دەپ iTools ئارقىلىق يانفوننىڭ ئۇچۇرلىرىغا قاراپ باقسام سېتىلغان رايون (销售地区) ، سېتىۋالغان ۋاقىت (购买日期) ، پائالىيەت ۋاقتى (活动日期) ، كاپالەتلىك رېمۇنت مۇددىتى (保修到期) دېگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممسى يوق بولۇپ قاپتۇ ، ھېلىھەممۇ شۇنداق ، ئۆزەمگە ئازراق تەسەللى تېپىش ئۈچۈن :oops: نەشىرنى يەنە 4.3.5 غا كۆتۈرۈپ قويۇپ قويدۇم ، لېكىن بۇرۇنقى كۆزۈمگە باشقىچە ئىسسىق كۆرۈنىدىغان ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچلەر يوق ، بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم .
قېنى بۇرادەرلەر ، يۇقارقى مەسىلىلەرگە قارىتا ھەل قىلىش لايھىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار ، مەنمۇ مۇشۇ باھانىدە نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، چۈشۈرۈش ، تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەھەتتكى ‹‹ مۇتەخەسىس›› بولۇپ قالسام ئەجەپ ئەمەس .
4.3.3 كە چۈشۈرۈپ بولغاندىن بۇ ئۇسۇل بويىچە تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ. خەزىنىدە بار ئىدى. تاپالماي قالغان ئوخشايسىز. 4.3.3 دىن تۆۋەن ھەممە نەرسىگە ماس كېلىدۇ. http://goo.gl/dDmgo
.添加源repo.bingner.com。
2.安装SAMPrefs和SAM,安装完成后,都会重启桌面,耐心等待即可,如果不想这么麻烦,直接在命令下安装两个软件,安装后手动reboot重启。
3.使用SAM和SAMPrefs,默认设置无须更改。若不成功,则在设置->SAM->Method一项中点击By Country and Carrier,然后回到上一步中,分别在Country和Carrier中选择China和China Unicom(移动选择China Mobile)。
4.连接iTunes重新激活。
5.可能需要重启手机。
ماۋۇنى سىناڭ،بىردىن-بىر ئامالىڭىز مۇشۇ…
يەنە بىر ئىش،تۈرمىدىن قاچۇرۇشتا jailbreakme نى ئىشلىتىڭ،چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسى دەيسىز،ئۇنداقتا بىۋاستىلا تۈرمىدىن قاچۇرسىڭىز بەلكىم كارتا تونۇشى مۇمكىن.redsn0w كۆپىنچە قۇلۇپى بارلارغا قارىتا تۈرمىدىن قاچۇرۇشتا ئىشلتىلىدۇ…
پاسىبان، بلوگنى كومپيۇتېردا كۆرگەندە سەھىپىلەر تىزىملىكى كۆرۈنمەيدىكەن.ئەمما ئايفون ۋە ئايپەدتە كۆرسە نورمال كۆرۈنىدىكەن،مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلسىڭىز بولغۇدەك..
ھەئە، يېڭى ئۇسلۇب CSS تە يېزىلغان ئىكەن. شۇڭا Internet Explorer دا تىزىملىك كۆرۈنمەيدۇ. ئۇيغۇرچە نورمال يېزىلمايدۇ. مۇشۇ 2 مەسىلە بار. تور بەت ياساشنى بىلمىگەندىن كىيىن ھەل قىلالماي قالدىم. يا باشقىلار بۇ ئەخلەت تور كۆرگۈدىن كېچىپ نوچىراقىنى ئىشلەتمىسە، يا بۇ قوتۇردا تور بەتنى نورمال كۆرسەتكىلى بولمىسا، مەخسۇس مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم كود يېزىپ ئاۋارە بولىۋاتقان. ئىشقىلىپ مۇشۇ Internet Explorer دېگەن بىرنېمە باشنى جىق ئاغرىتىپ كەتتى. FireFox Safari Chrome لاردا بۇ ئۇسلۇب بۆلەكچە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. سىزمۇ مۇشۇ كۆرگۈلەرنى ئىشلىتىڭ. ئوخشاش بەتنى بۇنىڭ بىلەن كۆرسىڭىز سۈرئېتى بۆلەكچە تېز ئىكەنلىكىنى بايقايسىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان بۇرادەر مىنىڭ ئايفۇنۇمنىڭ تۇرۇپلا ئوزلىكىدىن بارلىق ئاۋازلىرى يوقاپ كەتتى.ھەر نىملەرنى قىلساممۇ ھىچ سادا يوق. بۇنىڭ قانداق ئامالى باركىن، قۇلقۇم سىزدە…..
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قاراپ تۇرۇپ يان تەرەپتىكى تىترەيدىغان جاينى ئېچىپ قويۇپ ئاۋاز يوق بولدى دەپ سورىمىدىڭىز ھەقاچان. ئەگەر سېستىمىدىكى مەسىلە بولسا Cydia دىن قاچىلىغان نەرسىنىڭ چاتىغى بولىشى مۇمكىن. ئاخىرقى قېتىم قاچىلىغان نەرسىنى يۇيىۋېتىپ سىناپ كۆرۈڭ. iPod دېگەندەك ئاۋاز ۋە سىن قويىدىغان ئەپلەرنىڭ ئىچىدە ئاۋاز بارمۇ يوق؟ بۇنىڭدىمۇ يوق بولسا سېتىمىنى قايتا قاچىلاپ سىناپ كۆرۈڭ. يەنە ئوڭشالمىسا قاتتىق دېتالدىكى مەسىلە بولىشى مۇمكىن. مەن بىر چاغدا 3-ئەۋلاد ئايفوننىڭ مۇشۇنداق بوپقالغىنىنى كۆرگەن. قۇلاق ئاۋازى بار. ياڭراتقۇسىدىن سادا يوق. شۇنىڭ بىلەن 150 كويغا ئاستىدىكى لاباسىنى ئالماشتۇرۇپ ئوڭشىغان. ھەر خىل سىناقلارنى قىلىپ بېقىپ نېمىنىڭ چاتىغى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرسىڭىز بولىدۇ
ئايفۇن ئىشلەتكىلى خېلى بولدى پاسىبانىم، يان تەرەپتىكى كۇنۇپكىنىڭ ئىتىلىپ قالغانلىقىنى بىلگۇچىلكىمىز بار، ئامال بولمىغاندا ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتا سىلنى ئاۋارە قىلمىزكەن، كەچۇرۇڭ….
بۇنى سىزنى زاڭلىق قىلىپ دېدى دەپ چۈشىنىپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ يېڭى ئۇسلۇبتا سۆز قالدۇرۇڭ سەھىپىسىدە چىراي ئىپادىسىنى كۆچۈرۈپ ئەكەلمىسە بۇ بەتنىڭ ئۆزىدە كۆرۈنمەيدىكەن. شۇڭا ئۈستىدىكى سۆزنى چاقچاقمۇ ياكى نورمال پاراڭمۇ بىلدۈرەلمەي قالغان ئوخشايمەن
تەپسىلىي ئوقۇسىڭىز چاقچاق مەنىسى بارلىقىنىمۇ بىلەتتىڭىز.
مىنىڭ يانفۇنۇم ئالما 2-ئەۋلاد تىلفۇن . مەن پاسىبان كۇلۇبىدىكى ئايپۇنغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھەققىدىكى يازمىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن تەرتىپ بۇيىچە باسقۇچلارنى خۇددى سۈرەتلىك فىلىمدىكىگە ئوخشاش تاماملاپ بولدۇم .لېكىن ئۇيغۇرچە كۈنۈپكا تاختىسىنى قۇشۇش مەسىلىسىدە مىنىڭ تىلفۇنىمنىڭ خەلقارالىق كونوپكا رايۇنىدا يېڭى كونوپكا قۇشۇش دىگەن تىزىملىك كۈرۈنمىدى، بۇنى قانداق ھەل قىلىمەن.ئۇيغۇرچە كونوپكا تاختىسىنى قۇشالمايۋاتىمەن. ياردەم قىلساڭلار.
سېستىمىڭىزنىڭ نەشىرى قانچە؟ 4.0 دىن يۇقىرى بولىشى كېرەك. ئەڭ ياخشىسى 4.3.1 دىن يۇقىرى بولىشى كېرەك.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، پاسىبان تەرىپىدىن ئەل قاتارى ئۇلىنىش قىلىنسام بولارمۇ بولارمۇ؟ ئالمىچى بايلارنىڭ سورۇنىغا كىرىپ قالسا گەپمۇ قولاشمامدۇ نېمە ، ئىشقىلىپ قوللاش سوراپ كەلگەن ئېسىمدە.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇلىنىش قوشىۋېتىلدى. pasiban.com/link دىن كۆرۈڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن ھازىرغىچە «پاسىبان»دەك بىرەسى سۇئال سورىسا زېرىكمەي، تېرىكمەي جاۋاپ بەرگەن ئادەمنى كۆرمۈدۈم دىسەممۇ بولىدۇ جۇما. تىمىدا يوللاپ بولغان گەپنى تىما كۆرمەيلا ئالدىراپ سورىساقمۇ تېرىكمەي جاۋاپ بېرىۋاتقان، تەپسىلى چۈشەندۈرۋاتقان، ھەيييييييييييي دەھشەت كوڭلى كۆكسى كەڭ ئادەمكىن بۇ. ئاللا بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ھەممە ئىشىنى ئاسان قىلسۇن، ئەزىز تېنىنى ساق، دۆلىتىنى زىيادە قىلسۇن. ئامىن!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. دۇئالىرىڭىزغا رەھمەت!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان قېرىندىشىم سالامەت تۇرۇپسىز؟ ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن ، ئەقلىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن ئامىين…ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن قوپاللىق قىلىپ سالغان بولسام ئاۋۋال مىھرىبان ئاللاھدىن گۇناھلىرىمنى كەچۇرۇم قىلىشنى سورايمەن ،ھەم سىزدىن ئەپۇ سورايمەن. سىزدىن يەنە سورىماقچى بولغىنىم: ipad2 نىڭ تۇرمىدىن قاچۇرلىش جەريانى iphone4 نىڭ جەريانى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ قايسى دېتال ئارقىلىق قاچۇرمىز؟ مۇشۇ ھەقتە چۇشەنچە بەرسىڭىز؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھېچقىسى يوق.
iPad2 نى نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاددى ۋە ئىشەنچلىك ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. 4.3.3 تىن تۆۋەن نەشىرنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدۇ. يەنى، iPad دىكى سافارى ئارقىلىق http://jailbreakme.com نى ئېچىڭ. ئاچسىڭىز Cydia نىڭ ئايكونىنى كۆرىسىز. بۇنى خۇددى App Store دىن بىر نەرسە قاچىلىغاندەك قاچىلىۋەتسىڭىز ئىش تامام.
ئەگەر ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشردىكىسى بوپقالسا ئۇنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىمۇ چىقمىدى. شۇڭا ئۇنى ئاۋارە بولۇپ تۈرمىدىن قاچۇرغىچىلىكى يوق. ئەگەر 4.3.3 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن نەشىرى بولسا مۇشۇ ئۇسۇل بويىچىلا تۈرمىدىن قاچۇرىۋېلىڭ
ياخشىمۇ سىز پاسىبان ئەپەندى. مىنىڭ تىلفۇنىم ئالما 2-ئەۋلاد4.2.1نەشىردىكى تىلفۇن ئىدى. تور بېتىڭلار تەمىنلىگەن Uighur LanguagePack for iPhone1_0.1بۇلاق ھۆججىتىنى 91ياردەمچى ئارقىلىق قاچىلىغان ئىدىم. لېكىن تىلفۇنىنىڭ ئىكرنىدا تەڭشەش دىگەن سىن بەلگە يۇقاپ كەتتى . بۇنى قانداق ھەل قىلىمەن.
设置 دېگەن ئايكون ئايفوندىن يوقاپ كەتتى دېمەكچىمۇ سىز؟ ئاۋۇ بولاق بۇ نەرسىنى يوقىتالىغان بولسا راس يامانكەن. بۇ دېگەن سېستىمىنىڭ ئۆزىنىڭ نەرسىسى. يوقاپ كەتمەيدۇ ئادەتتە. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا سېستىمىنى قايتا قاچىلاش كېرەكمىكىن. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ باقمىغانكەنمەن. بۇ بولاقنى ياسىغۇچى پەقەت 1-ئەۋلاد ئايفون ئۈچۈن لايىھەلىگەن بولغاچقا باشقا ئايفون ئىشلەتكۈچىلەر ئېھتىيات قىلىشى لازىم ئىدى. بۇنى يازمىدا ئەسكەرتكەن. سىز ئۇيغۇرچە فونت تونۇتماقچى بولسىڭىز بۇنىڭ ئۇسۇلىنى ئايرىم دەپ ئۆتكەن. بۇ جايدىن كۆرۈۋېلىڭ:
/hezine/comment-page-1#comment-2027
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مىنىڭ تىلفۇنىم ئالما 2-ئەۋلاد4.2.1نەشىردىكى تىلفۇن ئىدى. تور بېتىڭلار تەمىنلىگەن Uighur LanguagePack for iPhone1_0.1بۇلاق ھۆججىتىنى 91ياردەمچى ئارقىلىق قاچىلىغان ئىدىم. لېكىن تىلفۇنىنىڭ ئىكرنىدا تەڭشەش دىگەن سىن بەلگە يۇقاپ كەتتى . بۇنى قانداق ھەل قىلىمەن.بىلىدىغانلار دەرھال يۇلىنى دەپ بەرسەڭلار. رەخمەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى. مىنىڭ 2-ئەۋلادتىلفۇنىم يېڭىدىن سېتىۋالغاندا3.1.3نەشىردە ئىدى.يېقىندا 4.2.1نەشىرگە كۈتۈرگەن .ئلگىركى نەشىردە سىلەر تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە بۇلاق ھۆججىتىنى 91ئارقىلىق قاچىلىسام نورمال قاچىلىنىپ ئايكۇنلار ئۇيغۇرچە كۈرۈنگەن ئىدى. لېكىن 4.2.1نەشىردە بۇ بۇلاق ھۆججىتىنى قاچىلىسام ئىكراندىكى تەڭشەش دىگەن ئايكۇن يۇقاپ كەتتى. بۇنداق بۇلىشى تىلفۇننىڭ نەشىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ نەشىرنى ئەسلىدىكى 3.1.3كە ياندۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئۇسۇل قوللىنىمەن. ھازىر تىلفۇنىم كومپىيوتىردىكى سىيدىئا غا ئۇلانمايدۇ.لېكىن 91ياردەمچىگە نورمال ئۇلىنىدۇ.سىيدىئادا ئۈسكىنە تاپالمىغانلىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى. خاپا بولماي ئوڭشاش ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
كومپىيۇتېردىكى Cydia دېگەن قايسى نەرسە ئەمدى؟ بۇ يېڭىلىقنى بىلمەيدىكەنمەن.
91 نى ئىشلەتسىڭىز مۇشۇنداق چاتاق ئالتە كۈندە چىقىدۇ. بىكارغا بۇنى ئىشلەتمەڭلا دېمەيمىز. بۇنى ئىشلىتىۋەرسىڭىز ئوڭشىغىلى بولمايدۇ. 3.0 گە چۈشۈرىمەن دېسڭىز ئاۋارە بوپقېلىشىڭىز مۇمكىن. 4.2.1 نى قايتىدىن قاچىلاپ ئۈستىدە جاۋاب بەرگەن ئۇسۇل بويىچە تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ. تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولۇپ 91 نى ئۇنتۇپ كېتىڭ. بۇنى ھەممە جايدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ. بۇ بولمايدىغان نەرسە. يەنە ئىشلەتسىڭىز 4 كۈندە مۇنداق بوپقالدى قانداق قىلىمەن دەپ يەنە كېلىسىز.
زادى شۇنىڭغا چۈشمىسەم بولمايتى دېسىڭىز ئۇنىڭغىمۇ بولىدۇ.
iconlar nege ketti?
باشقۇرغۇچى ياخشىمۇ سىز؟ تۈۋەندىكى مەسىلىگە تەپسىيلىرەك چۈشەنچە بەرسىڭىز سىزدىن بەك خۇرسەن بولغان بۇلاتتىم .مەن يېقىندا توردىن 3.1.3نەشىردىكى 2-ئەۋلاد ئالما تىلفۇنىدىن بىرنى ئالغان ئىدىم تىلفۇن ناھايىتى نورمال ئىشلەۋېتىپ تۇيۇقسىز بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن 4.1نەشىرگە كۈتۈرۈپ تۇرمىدىن قاچۇرغان ئىدىم. ھەممە ئايكۇنلار نورمال ئىشلەيدۇ.لېكىن تىلفۇننى كومپىيوتىرغا چېتىپ iTunesقا ئۇلىسام ئۈسكىنە تاپالمىغانلىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى. ھەم كومپىيوتىر قېتىۋالىدۇ.بۇنى قانداق ھەل قىلىمەن.iTunesقا تىلفۇننى ئۇلىيالمىدىم.
كومپىيۇتېرنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىڭ. ئۇنىڭدىمۇ ئوخشاش بولسا سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ تۈرمىدىن قاچۇرماڭ. چوقۇم بىرەر مەشغۇلاتتا خاتالىق يۈزبەرگەن بولسا كېرەك. تۈرمىدىن قاچۇرمىسىڭىز ھېچ ئىش يوق. پەمىمچە سىز 91 غا ئاشىق …
91نى تىلفۇندىن ئۈچۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىمەن؟
iTools
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى
سىزدىن ئايفۇن توغورلوق سوراي دىگەن مە ن ئايفون 3-ئەۋلاتتىن بىرنى 2500گەسېتىۋالغان شاڭگاڭ نۇسخىسى ئىدى ئاي تۇلىس قا چاتسام 香港特别行政区, 有锁版
مۇشۇنداق دەپ چىقتى بۇ شاڭگاڭ نۇسخىسىنىڭمۇ قۇلۇپ لانغىنى بولامدۇ ؟ نەشىرىنى يېڭىلىسام بولارمۇ ؟
شۇنى سوراپ باقاي دىگەن ياردەم قىلغان بولسىڭىز نۇمىرى :83003JLH3NP
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ماۋۇ يازمىدا ئايفوننىڭ تىپىغا ئاساسەن قەيەرنىڭ ئايفونى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۇسۇل بار. شۇ ئارقىلىق كۆرۈپ بېقىڭ. سىز تەمىنلىگىنى 序列号 ئوخشايدۇ. 型号 تىپ نومۇرىغا ئاساسەن پەرقلەندۈرىمىز. شىياڭگاڭ نۇسقىسىنىڭ قۇلۇپى بولمايدۇ. /how-much-you-know-your-iphone.html
ھە راس يانا بىرسى تېلفۇنۇمغا كوچمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىنى سېلىپ تورنى ئاچساملا سىگىنالى يوقاپلا كېتىدۇ لىكىن بىرلەشمە خەۋەرلىشىش نىڭكى ئۇنداق ئەمەس بۇ قانداق ئىشتۇ ؟
قاتتىق دېتالدىكى مەسىلە بولىشى مۇمكىنمىدۇ؟ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ باشقا كارتىسىنى سېلىپ سىناپ باقتىڭىزمۇ؟ GSM ئايفونى WCDMA نىمۇ قوللايدۇ. يەنى نۆۋەتتىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئادەتتىكى GSM كارتىسى بىلەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G كارتىسىنى قوللايدۇ.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
سىز دىگەن يازمىنى كۇرۇپ باقتىم ICCID نۇمۇرى 898601 دىن باشلىندىكەن تىپ نۇمۇرى :mc131zp
مۇشۇنداقكەن
香港特别行政区, 有锁版
بۇدىگىنى بۇ يانفۇن جۇڭگودىن چىقسا قۇلۇپ لىندىغىنى چۇشەندۇرەمدۇ يا؟؟
ھازىر ئىشلىتىۋاتقان سېستىما نەشىرى 4.1 ئىدى مەن سەل يۇقۇرى نەشىرىنى قاچىلاي دىگەن سىزچە قايسى نەشىرىنى قاچىلىسام ياخشىدۇ ؟ مەن ئايفونغا سەل يېڭى شۇڭا تازا بىلمەيدىكەنمەن سىزنى ئاۋارە قىلدىم !!!!
ئايفونىڭىز شىياڭگاڭنىڭ قۇلۇپى يوق 16 گېگابايتلىق قارا رەڭلىك 3GS ئىكەن. جۇڭگو مېلى بىلەن ئوخشاش. جۇڭگودا نورمال ئىشلەيدۇ. ھەرقانداق GSM ۋە WCDMA كارتىسىنى نورمال تونۇيدۇ.
ئەڭ يېڭى نەشىر 4.3.5. لېكىن بۇ نەشىرنى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولمايدۇ. مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىدىغان نەشىرى 4.3.3. ئايفونىڭىزنى كۆپ چۈشەنمىسىڭىز پاسىبان كۇلۇبىنى بىر باشتىن كۆرۈپ چىقىڭ. ئەگەر چۈشىنىش، پايدىلىنىش ئويىڭىز بولسىلا. بۇنداقتا سىز كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالالايسىز. ھازىرغا قەدەر كۇلۇبتا يوللانغان يازمىلار سىزگە ئايفونىڭىزنى ئوبدانلا تونىتىپ قويالايدۇ.
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تور بېتىڭزدىن تولىمۇ ئوبدان مەنپەئەت ئېلۋاتىمەن.ئايىمڭزگە مۇبارەك بولسۇن~
بولسا ipad بىۋاستە كۆردىغان mp4نۇسقىدىكى كىنولارنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنىمۇ قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭز.91نىڭ چۈشۈرۈش بېتىگە قارىسام سۈزۈك ئەمەس ئوغرلاپ بۇلاپ كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن سىنلار ئىكەن سۈزۈك دىگەننى چۈشۈرسەممۇ يەنىلا ئىلغار ئوغرلاش تۈرىگە كىردىغان فىلملەر ئىكەن. ئۇنداق فىلمنى ئايپەددە كۆرسە مەزىسى بولمايدىكەن. مەن بىر نەچچە فىلىمنى mp4كە ئايلاندۇرغان لىكىن دىگەندەك سۈزۈك چىقماي قالدى.
MP4 نىڭ HD لىكىنى تاللاپ ئايلاندۇرىمىز. 魔影工厂 دەپ بىر دېتال بار. شۇنىڭدا ئايلاندۇرۇڭ. ئۆزىدىكى iPhone دېگەن تۈر بويىچە ئايلاندۇرماي تېخىمۇ سۈزۈكىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئايپەد ۋە ئايفون 720P لىكنى قوللايدۇ. خالىسىڭىز MOV ياكى MKV دېگەندەك سۈزۈك فورماتنىمۇ بىۋاستە OPlayer ئارقىلىق قويالايسىز. ئايلاندۇرۇپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق
رەخمەت سىزگە جىق نەرسىلەرنى ئۆگۇنۋالدىم
تېلفۇنۇم كۇچمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىنى تۇنۇيدۇ لىكىن سىگىنالى مۇقۇم ئەمەس.، تولىسىغا مۇلازىمەت يوق دەپ چىقىۋالىدۇ سىزنىڭچە بۇ سېستىمىنىڭ ئىشىمىدۇ ؟
تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىڭ. تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز سېستىمىنىڭ ئىشى ئەمەس دېگىلى بولمايدۇ. ئەسلى سېستىمىدا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. يەنە كۆرۈلسە سىز تۇرغان جايدا كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ سېگنالى ياخشى ئەمەس ئوخشايدۇ. ئەگەر مۇشۇ ئايفوندىلا مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ، باشقا كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسى سېلىنغان ئايفون نورمال بولسا ئۇ چاغدا ئايفوندىكى قاتتىق دېتال مەسىلىسى دەپ ھۆكۈم قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
مەن سىز كۇرسەتكەن ئۇسۇل بۇيىچە 高德导航6.2 نى قاچىلغانتىم ‹ھەقسىز نۇسخىسىنى › سىدىيا دىن قاچىلايدىغان ياماقنىمۇ قاچىلىدىم ، خەرىتىسىنىمۇ توردىن چۇشۇرۇپ سىز دىگەن ئۇسۇل بۇيىچە 高德导航نىڭ ئاستىغا قاچىغانتىم لىكىن قوزغاتسام 、
‹地图未包含在导航软件中请选择下列方式下载建议你用电脑方式下载 1.电脑下载》
2.手机下载
3.退出》
دەپ چىقىۋالدى قايتا قوزغۇتۇپمۇ باقتىم قايتا -قايتا قاچىلاپ سىناپ باقساممۇ شۇنداق چىقىۋالدى
بۇ قانداق ئىشتۇ ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىز نېمىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىنىڭ ئاستىغا يازماي ھەممىنى سۆز قالدۇرۇڭ سەھىپىسىگە يازىسىز؟ شۇ يازمىغىمۇ ئىنكاس يازغىلى بولىدىغۇ؟ سىز دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەن يەنە شۇ يازمىنى ئىزدەپ قايتىدىن ئىزدەپ تاپسام بولىدىكەن. ئالدىدىكى بىر قانچە مەسىلىڭىزمۇ شۇنداق. ھەممىنى بۇ يەرگە يېزىۋەرمەي، قايسى يازمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا شۇنىڭغا يېزىڭ. ئادەمنى شۇ يازمىنى قايتىدىن ئىزدىگېلى سالىدىكەنسىز.
ئەگەر مۇشۇنداق ئۇچۇر چىقىۋالغان بولسا سىز خەرىتە ھۆججىتىنى قاچىلاشتا مۇتلەق خاتالىشىپسىز. بۇ ئەپ خەرىتە ھۆججىتىنى تاپالمىغاندا مۇشۇنداق ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ
رەخمەت سىزگە .خۇددى سىز دىگەندەك 2-ئەۋلاد 4.1نەشىردىكى تىلفۇنۇم راستىنلا safe mode ھالەتكە ئۈتۈپ قالغان ئىكەن . بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىپ تىلفۇننى قايتا قوزغاتسام كونوپكا تاختىسى ئەسلىگە كەلدى. لېكىن تىلفۇن خاتىرىسىدىكى ئادەم ئىسىملىرى يا ئۇيغۇرچە ئەمەس ياكى ئەرەپچە ئەمەس ناھايىتى قالايمىقان كۈرىنىۋاتىدۇ.قارىغاندا Fonts ئىچىدىكى بەزى تەمىنلەنگەن خەت نۇسخىلىرى ئۈچۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ.ئۇيغۇرچە كونوپكا تاختىسى نورمال لېكىن خەت يازسام بىرىنىڭ كەينىگە بىرىنى تىزىپ قويغاندەكلا كۈرۈنىدۇ. بۇ ئەھۋالنى ئوڭشىغىلى بۇلامدۇ.Fonts تا ئەسلىدە تەمىنلەنگەن خەت نۇسخىلىرىنى زاپاسلىغىلى بۇلامدۇ؟ ياكى سېستىمىنى قايتىدىن يېزىش كىرەكمۇ؟
شۇنداق بولسا كېرەك. سېستىمىغا بىرەر ئەپنى قاچىلاپ قالايمىقانچىلىق كۆرۈلگەندە يۈز بېرىدىغان ئەھۋال ئاۋۇسى. بەلكى شۇنىڭ چاتىغى بولسا كېرەك. ئاخىرقى قېتىم قاچىلىغان نەرسىنى يۇيىۋېتىپ سىناپ كۆرۈڭ. بولمىسا سېستىمىنى قايتا يېزىپ ئوڭشاش لازىممىكى
.ۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە ھەمزىنى يازغىلى قىلغىلى بولماسمۇ؟
كومپىيۇتېردا ئۇيغۇرچىنى قانداق كىرگۈزسەك ئايفوندىمۇ ئوخشاش. سان ۋە تىنىش بەلگىلىرى ئارىسىدىن / بەلگىسىنى تېپىپ شۇنى باسسىڭىز چىقىدۇ
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈزگۈچ قاچىلانغان ئايفوندا ئەرەپچە ئۇيغۇرچىنى تاللاپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
فونتنى دېمەكچىمۇ ياكى كىرگۈزگۈچنىمۇ؟ فونت ئالمىشىپ كېتىدىغۇ دەيمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. سىزدىن بىر ئىشنى سوراي، باشقا جايدىكى بىر ئادەمنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇرىۋاتقان ئورنىنى ئىنىقلىغىلى بۇلىدىغان 2-ئەۋلاد4.2.1نەشىردىكى تىلفۇنغا ماس كەلگۈدەك تەكشۈرۈش دىتالى بارمىدۇ؟ بولسا ئېغىر كۆرمەي چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز. رەخمەت سىزگە.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىز 查找我的iPhone دېگەن نەرسىنى دەۋاتقان ئوخشايسىز. مۇشۇنداق يېزىپ ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىۋېتىڭ. بۇ ئۆزىمىزنىڭ ئايفونىنى ئىزدەپ تېپىشقا ئىشلەيدۇ. باشقىلارنىڭ قەيەردىكىلىنى دەپ بېرىدىغان نەرسىنى ئالما تور بېكىتىدە ساتمايدۇ. بۇ شەخسىيەتكە چېتىلىدىغان نەرسە. پەقەت ئۆزىمىزنىڭكىنى تاپالايمىز. سىز قارشى تەرەپنىڭ ئايفونىغا ئۆزىڭىزنىڭ ھېساۋاتىنى me ھېساۋات قاتارىغا قوشۇپ قويسىڭىز (ئېلخەت تەڭشەيدىغان يەردىكى) قارشى تەرەپ تور بار ئورۇندا بولسا سىز يىراقتىن قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز.
مەندە بىردانە iphone 3g دىن بىرسى بارتى .مەن ئۇنىڭغا سېستىما قاچىلىغان ھەممە يىرى جايدا لىكىن iphone نى itunes غا تۇنىتالمىدىم . شۇنىڭ بىلەن خېلى ئۇزۇن بولدى بۇ تىلفۇنى ئىشلىتالمىغىلى . ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
قانداق خاتالىق كۆرۈلدى. خاتالىق ئۇچۇرىنى دەپ بەرمىسىڭىز بىلگىلى بولمايدۇ. 91 نى ئىشلىتىش سەۋەبلىكمۇ بولىشى مۇمكىن.
دىمەكچى بولغۇنۇم سېستىمىنى قاچىلاپ بۇلۇپ تىلىفۇن قوزغالغاندا itunes غا ئۇلاڭ دەپ چىقىۋالدى . تىلفۇن ئېكرانىدا itunes بىلەن ئۇلاش سىىمىنىڭ ysp ئىغىزى چىقىۋالدى ھە راس ئوڭغا سۈرۈش غالتىكىنى سۈرسەم تىلفۇندا جىدى تىلفۇن ئۇرۇش ئورنى چىقتى . ئۇندىن باشقا ھىچقانداق ئىنكاس يوق . شۇنىڭ بىلەن پەرەز قىلىپ iphone نى itunes غا ئۇلايدىكەنمەن دەپ بىلىدىم .itunes غا ئۇلۇسام iphone نىڭ سۆرىتى چىقىدۇ باشقا يىرى چىقمايدۇ. قانداق قىلسام بۇلار.
مۇشۇ يازمىدا سىز دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئۇسۇل بار. مۇھىم نوقتا دېگەن يەردىن باشلاپ دىققەت قىلىڭ. مۇشۇنىڭدەك قىلسىڭىز ھەل قىلالايسىز
/updated-to-ios-4-3-3.html
مەن سىز دىگەن يازما بۇيىنچە قىلغان ،بىر قېتىم ئەمەس نەچە ئون قېتىم قىلىدىم لىكىن بولمىدى ماۋۇ يەردىن ئۆتمىدى.
ئاندىن DOS كۆزنىكىدە 2 قۇر خەت چىقىىپ تۇرىدۇ. ئاندىن مەن ئايفوننىڭ قايتىش كونۇپكىسى بىلەن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ تۇردۇم. ئايفون ئۆچكەندىن كىيىن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى دەرھال قويۇۋەتتىم. قايتىش كونۇپكىسىنى داۋاملىق بېسىپ تۇردۇم. ئاندىن كومپىيۇتېر قاتتىق دېتال تاپقاندەك ئىنكاس قايتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بايىقى DOS ھالىتىدىكى كۆزنەك (يەنى ئىجرا بولىۋاتقان FixRecovery ) خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. بىردەم ساقلىغاندىن كىيىن مەشغۇلات ئايفوندا داۋاملىشىدىكەن. خۇددى redsn0w ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرغاندەكلا. تەخمىنەن 4~5 مىنۇتتىن كىيىن ئايفون ساق-سالامەت نورمال قوزغالدى.
مۇشنىڭدا dos ھالەتكى 2 قۇر خەت ئۈتۈپ 3~4 قۇر بۇلۇپلا firecovery ئۆچتى لىكىن ئايفۇندا redsow قا ئوخشاش ئەھۋال كۈرۈلمىدى. تىلفۇن ئۈچۈك ھالەتتە تۇرۇلىۋەردى . قانچە قېتىم قىلسا شۇنچە قېتىم شۇنداق ئەھۋال . مەن بۇيازمىنى دەسلەپتىلا كۆرگەن لىكىن شۇنىڭغا ئوخشاش قىلسمۇ بولمىدى .زادى نەددە خاتالىق بىلمىدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن تىلفۇنۇمنى4.3.5تىن4.3كە چۈشۈرگەن ئىدىم.چۈنكى4.3.3نىڭ سخ سخ زاپاسلاقسىز ئىكەن. ئۇنىڭدىن 4.3.3كە كۆتۈرۈش ئۈچۈن خېلى كۈچەپ باقتىم 3194خاتالىقى كۈرۈلۈپ ئىجرا بولغىلى قەتئى ئۇنىمىدى. 4.3.3كە كۆتۈرگىلى بولامدۇ ياكى بولمامدۇ.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇ زاپاسلانغان بولمىسا نەزەرىيە جەھەتتىن بولمايدۇ. سەۋەبى:
بىۋاستە كۆتۈرسىڭىز ئالمىنىڭ مۇلازىمىتىرى رەت قىلىدۇ. چۈنكى ھازىر ئۇ ئەڭ يېڭى سېستىما ئەمەس.
HOST نى ئۆزگەرتىپ كۆتۈرسىڭىز SHSH زاپاسلانمىغان، 4.3.3 نىڭ SHSH نىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ھېچكىشى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا يېڭىلاش مۇمكىن بولمىسا كېرەك.
شۇڭا 4.3 بويىچە ئىشلىتىۋەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھېچنىمە بولمايدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،پاسىبان بۇرادەر ،ئۆزۈم ئامال قىلالمىغالىقىمدىن،سىلەدىن بىرتەلىم ئالاي دىدىم…
مەندىكى ئككىجى ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئېكرانىدىكى (settings 设置) كونۇپكىسى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى .
مۇشۇنىڭغا ئامال بارمىدۇ؟؟؟
رەھمەت ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىزمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاپ يولۇقمىغانسىز ھە؟ بۇ سېستىمىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالغانلىقتىن كېىلىپ چىققان مەسىلە. بۇنىڭغا بۇ جايدا ئىنكاس قالدۇرۇپ بولدۇم. كۆرۈڭ بېقىڭ. /201102131061.html/comment-page-1#comment-2336
لىكىن مەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلمىغان . قاچىلىغان نەرسە (sbsettings) ئىدى ، ئۇيغۇرچىنى سىلەنىڭ فىلىملىك دەرىسلىكىڭلادىن كۆرۈپ قاچىلىغان
ئۇنداقتا ئاخىرقى قېتىم قاچىلىغان نەرسىنى يۇيىۋېتىپ سىناپ كۆرۈڭ. ئەسلىگە كېلەمدۇ يوق.
مەن بۇ يانفۇننى ئالاي دىگەن http://goo.gl/iVl4i كورۇپ بەرگەن بولساڭلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مېنىڭ ئايفۇنۇم(iphone 4 ) نىڭ wifi سىگىنال قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى باشقا ئايفۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا سەل ئاجىز، بۇ نىمە سەۋەپتىندۇ؟ مەن باشقا ئايفۇن بىلەن بىر يەردە قويۇپ سىناپ باقتىم، مېنىڭ ئايفۇنۇمنىڭ سىگىنالى باشقىلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا بىر بالداق ئاجىز ئىكەن. مېنىڭ ئايفۇنۇم ئامرىكا نۇسخىدىكى قۇلۇپلۇق نەشىردىكى ئايفۇن، تۇرمىدىن قاچۇرغان. ياردەم قىلساڭلا…….. رەھمەت!.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىزگە جاۋاب بېرىپ بولدۇمغۇ؟ http://goo.gl/kNZtE
پاسىبان ئەپەندىم بىر ئاغىنەم 2-ئەۋلات ئالما تىلفۇن ئاپتىكەن قارىسام سىيدىيا قاچىلاغلىق تۇراتتى…قۇلۇپى بارمۇ يوقمۇ دىگەنلەرنى ئويلاشمايلا سىستىما نەشرىنى ئايتۇنىس ئارقىلىق يىڭىلاپتىمەن…تىلفۇن ئاق ئالما بولوپ قوزغالمىدى…بۇ تىلفۇننى نورمال قوزغىتىش ئۈچۈن بەيدۇ دىن ئىزدەپ يۈرۈپ ماس كىلىدىغان گۇجىيەن ھەم ھىلىقى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان قورالنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم تىلفۇن ئىكرانىدا قاتتىق دىسكىنىڭ سۈرىتى چىقىپ داۋامىغا ئۆتمەي تۇرىدۇ…
شۇ تىلفۇننى نورمال قوزغىتىشنىڭ يولىنى كۆرسەتسىڭىز…مۆمكىن بولسا تىزراق بوسا بولاتتى ئاغىنەم جىددىلىشىپ كىتىۋاتىدۇ…
دۆلەت ئىچىدە بوسىلا تىلفۇن قىسام بولامدۇ؟ تىلفۇنۇمغا قىسقا ئۇچۇر يوللىۋەتكەن بوسىلا 18690303599
2-ئەۋلاد ئايفونغا ئەڭ يېڭى نەشىر 4.2.1، لېكىن ئەڭ لايىق نەشىر 3.1.3، بۇنى چۈشۈرۈڭ. ئاندىن مېنىڭ «سېستىما يېڭىلاشتىكى تەجرىبىلىرىم (1013 خاتالىقىنى ئوڭشاش)» دېگەن يازمامدىكى ئۇسۇل بويىچە بىرمۇ بىر سىناپ بېقىڭ. تېلىفوندا كۆرۈشكەننىڭ پايدىسى يوق. يەنە شۇ توردىن، رەسىملىك چۈشەندۈرۈشتىن باشقىنى دېمەيمەن. شۇ يەردە ھەممىسى تەپسىلىي بار. يازما ئادرېسى: /updated-to-ios-4-3-3.html
ئەگەر بۇ بىۋاستە 3.1.3 نى قاچىلاش ئۇسۇلى ئەمەسكەن، ئېنىق بولمىدى دېسىڭىز بۇ بەتكە كىرىپ iPhone 3G دېگەننىڭ ئىچىدىكى يەردىن مۇناسىۋەتلىك سېستىما بولىقى چۈشۈرۈش ئادرېسى، تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى تاپالايسىز. http://iphone.tgbus.com/zt/firmware/
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بلوگقا كىرمىگىلى خېلى بوپتىكەن،بۈگۈن كىرىپ راستىنلا ھەيران قالدىم. ئۆز خاسلىقىنى ساقلىغان ئاساستا كۆركەم ۋە قوللىنىشچان بىلوگ بوپ قاپتۇ. تېخىمۇ روناق تېپىشىغان تىلەكداشمەن. پاسىبان بۇرادەرنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. رەھمەت.
تۇرمىدىن قاچۇرغان ئايغۇنغا توردىكى يىشىۋىتىلگەن ئويۇن ، ئەپلەرنى قاچىلاپ ئىشلەتسە ئايفۇنغا تەسىرى بارمىدۇ؟
ئادەتتە مەنمۇ مۇشۇنداق قاچىلاپ ئىشلىتىپ قويىمەن. كۆپىنچە ئەھۋالدا چاتاق چىقمايدۇ. بەزىدە بىخەتەر ھالەتكە ئۆتۈپ سېستىمىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللا كۆرۈلسە ئاخىرقى قېتىم قاچىلىغان نەرسىنى يۇيۇپ تاشلىسىڭىز بولىدۇ. چوقۇم 91 نى ئىشلەتمەڭ. بۇ ئەلۋەتتە سېستىمىنى بۇزىدىغان نەرسە. باشقا تور بەتلەردىن IPA شەكلىدىكى ئەپلەرنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.
رەھمەت بىلۋالدىم ، مەن ھازىرغىچە 91 غا يىقىن كىلىپ باقمىدىم.