سۆز قالدۇرۇڭ
سالام پاسىبان كۇلۇبىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى! قەدىمىڭلارغا مەرھابا! «ئاز-ئاز ئۆگىنىپ دانا بولۇر، تامچە-تامچە يىغىلىپ دەريا بولۇر» دەك، پېقىرمۇ كۇلۇبىمىزدا سۆزلىنىدىغان ھەرقايسى ساھەدە تېخى ئۆگىنىش باسقۇچىدىكى ھالەتتىمەن. ئەلۋەتتە ھەرخىل خاتالىق نوقسانلاردىن خالىي ئەمەسمەن. ئۆزۈم بىلىدىغانلىرىم بولسا ياردەمدە قولۇم كۆكسۈمدە! بىللە ئۆگىنىپ بىللە ئىلگىرلەيلى. سىلەرنىڭ تەكلىپ پىكىرىڭلار، مېنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچۈم!
。城市猎人نى بىلەمسىلەر يا ؟ قىزىل بايراقنىڭ يىنىدىكى بىنانىڭ 13قەۋىتىدە. ئىشەنمىسەڭلا 会员卡بولسا بىرىپ قىيىنراق بىر ئىشنى قىلغۇزۇپ ياكى سوراپ بىقىڭلا،چىرايىنى غىتمەكتەك سۈزۈپ كومپىيوتىرىدىكى .ئوينىنى ئوينىۋىتىپ ئاندىن چۈشىنىكسىز جاۋاپ بىرىدۇ.بىزنىڭ ئىدارىدىن 主任لاغا ئىپ بەرگەن美版سىدىن 400كويلۇق قاپنى قوشۇپ 5800دىن، ئارىسىدىن بىرى 港版چىقىپ قالدى،تۈنۈگۇن باساق يەنە بىر خىيالىدا يوق ھە شۇنداقمۇ دەپ ئولتۇرىدۇ. باشلىقىپ يولداش بىر مۇشلاپ شىرەنى تىتىۋەتتى، شۇ بانا دا مەنمۇ 100ئويۇننى چۈشۈرگۈزىۋالدىم، تىخى خىرۇم قاپ باركەنتۇق بىيجىڭدىن بۈگۈن كەلگەن دەيدۇ، شۇنى توپ باھادا ئىلىۋالدىم ،ئىشقىلىپ بەك تومۇچى.
بۇنى كۆمەيلا سوراپ قويۇپتىمەن 城市猎人نى.
港版 بىلەن 美版نىڭ نىم پەرقى؟ ھەممىسى جوڭگودا ئىشلىنىدىغۇ؟ 美版نى تۈرمىدىن قاچۇرمىسا بولمىغان تېخى.
قانداق قاپكەن ئۇ؟
ۋوي…. پاسىبان جان بۇ ناخىشنىنىڭ ئىشىنى قىلىش خوشياقمىدىمۇ ياكى قىلغىمىز كەلمىدىمۇ؟ گەپنىڭ تىمىسى يۆتكۈلۈپ كىتىپتۇ.
ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ. سەل قول تۇتىدۇ بۇ ئىشلا. شۇنداقلا قىپ قويۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. تەپسىلىيرەك توختالماقچى ئىدىم
城市猎人دىگەن نەدە؟
قىزىل بايراقنىڭ يېنىدىكى بىنانىڭ 13 – قەۋىتىدە …. دىگەن گەپكە قارىغاندا ئۈرۈمچى .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
پاسىبان ئەپەندىم، مۇنداق بىر ئىشنى سورىماقچىدىم، بۇرۇن مەن نوكىيا 5800 ئىشلەتكەن ، ئۇ يانفۇننىڭ ھۆججەت باشقۇرغۇچى ئارقىلىق يانفۇن ساقلىغۇچى ۋە كارتىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرگىلى ۋە كۆچۈرۈش، ئۆچۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولاتتى ،
بۇ ئايفوندىمۇ شۇنداق قىلغىلى بولامدۇ ؟ يەنى ئايفوننىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ھېچ بولمىغاندا كۆرگىلى بولسىمۇ بولىدىغان نوكىيادىكىدەك ھۆججەت باشقۇرغۇچ يوقمۇ ؟
ئەلۋەتتە كومپىيوتىرغا چېتىپقۇ ئايتولىس ، ئايفانبوكىس ، 91 قاتارلىقلار ئارقىلىق كۆرەلەيمىز، دىمەكچى بولغىنىم ئايفوننىڭ ئۆزىدە تۇرۇپلا كۆرگىلى ۋە تەھرىرلىگىلى ، ( تەھرىرلىگىلى بولمىسىمۇ كۆرگىلى بولسىىمۇ مەيلى ) بولىدىغان بىرەر ئامال ياكى دېتال بولسا تونۇشتۇرسىڭىز بوپتىكەن .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 威风 مەنبەسىنى Cydia غا قوشقان بولسىڭىز iFiles دەپ ئىزدەپ قاچىلاڭ. سىز دېگەن نەرسە مۇشۇ شۇ
پاسىبان ئەپەندى،
مەن Cydia دىن سىز دىگەن ifiles نى تېپىپ قاچىلىدىم، قاچىلاپ قارىسام بىر نەچچە ھۆججەت قىسقۇچنى كۆرسەتتى ، ئەمما كۆپىنچىسى قۇرۇق، بۇ ئايفوندا بىرمۇنچە ئاۋاز ھۆججىتى، رەسىم ، ۋېيدىيو قاتارلىق نەرسىلەر ، ۋە ئۇندىن باشقا نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىدى، ئەمما بۇ ifiles ئۇلارنى كۆرسىتەلمىدى . ئاۋاز ، رەسىم ، ۋېيدىيو ھۆججەت قىسقۇچلىرىنىڭ تىزىملىكى بار ، ئەمما ئىچىدە ھېچنەرسە يوق ، قۇرۇقلا .
لېكىن بۇ ئايفوندا نۇرغۇن رەسىم ، ئاۋاز ، ۋېيدىيو ۋە باشقا ھۆججەتلەر بار ، ئەمما ئۇلارنى كۆرسىتەلمىدى ، قانداق قىلىمەن
سۇئالىڭىزدا ھۆججەتلەرنى كۆرگىلى بولسىلا بولاتتى دەۋاتاتتىڭىز، ئەمدى كۆرۈپ بولۇپ تېخىمۇ ئىچكىرىسىنى كۆرگىڭىز كېلىۋاتىدۇ. ئايفون ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز ئېسىڭىزدە بولسۇن. ئايفون نوكىياغا ئوخشىمايدۇ. يەنە كېلىپ سىز ئۇ ھۆججەتلەرنى كۆردىڭىزمۇ دەيلى، نېمە قىلالايسىز؟ يا كۆك چىش بىلەن ئىۋەتكىلى بولمىسا … مەنمۇ بەزىدە شۇنداق بىر يەرلىرىنىڭ بولمىغىنىدىن ئەپسۇسلىنىمەن. ئالما ئىشلەتكەنكەنمىز بەزى قائىدىلىرىگە بويسۇنمايمۇ بولمايدىكەن. بۇنىڭغا ياردەم قىلالمىدىم، كەچۈرۈڭ …
ھە ، ياق ئۇنداق ئەمەس، ھېلىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقىمىز سىزنىڭ ياردىمىڭزدە ھەل بولۇپ كەتتى ،
خالاستان بىلوگىدا بىرسى Cydia دىن بېر دېتالنى تېپىپ قاچىلىغانلىغىنى، شۇنى قاچىلىغاندىن كىيىن ئىككى ئالما ئارىسىدىلا ئەمەس ، بەلكى ئايفون بىلەن نوكىيا ئارىسىدىمۇ كۆكچىش ئارقىلىق ھۆججەت يوللاپ قوبۇللىغىلى بولغانلىغىنى يېزىپتىكەن، ئۇ دېتالنىڭ ئىسمىنى قالدۇرۇپتۇ ، مەنمۇ تېپىپ قاچىلىدىم ، ئەمما قانداق ئىشلىتىشنى تەپسىلى يازماپتىكەن ، قاملاشتۇرالمىدىم ، شۇ تېمىغا تەپسىلىرەك چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئىنكاس قالدۇرسام جاۋاپ بەرمەپتۇ تېخىچە ،
قارىغاندا كۆكچىشنى ئىشلەتكىلى ، باشقا يانفۇنلار بىلەنمۇ ئۆز ئارا ھۆججەت يوللاشقىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ .
بۇنداق نەرسىنى كۆپ قاچىلاپ كۆپ سىناپ كەتتىم. بىرەرسىنىڭ تايىنى يوق. ھېلى ئىشلەپ ھېلى يوق. شۇنىڭدىن بۇيان مۇشۇ كۆك چىشنى ئايفوندا قايتا ئېچىپ باقمىدىم. شۇنداق نەرسە بولسىمۇ قاچىلىمايمەن ھەم قىزىقمايمەن. كۆك چىش ئارقىلىق ناخشا مۇزىكا قاچىلىۋالغان بىلەن iPod نىڭ ئىچىدە كۆرىنىشى ناتايىن. ئۆتكەندە 91 ئارقىلىق ناخشا قاچىلىسام iTunes قا ئۇلانمايلا قويدى. نېمىنىڭ چاتىقى ئىكەنلىكىنى بىلمەي سېستىمىنى، ئايفوننىڭ سېستىمىسىنى قايتا قاچىلاپ كەتتىم. كىيىن بىلسەم مۇشۇ 91 نىڭ كاساپىتى ئىكەن. شۇڭا iTunes تىن باشقا نەرسە بىلەن ناخشا قاچىلىمايمەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش Cydia دىن قاچىلىغان ياماقلار ئارقىلىق كۆك چىشنىڭ ۋاستىسى بىلەن ناخشا قاچىلىساق خاراكتىرى 91 نىڭكىگە ئوخشاپ قالىدۇ. كىم بىلىدۇ بۇ سەۋەپلىك باشقا جايدىن چاتاق چىقامدۇ يوق؟ شۇڭا مەن بۇنىڭغا تازا قىزىقمايمەن. ناخشا، فىلىم، رەسىم دېگەندەكلەرنى ئەڭ ياخشىسى iTunes قا تاپشۇرغان ياخشى
نىمداق قىلىدىغاندۇ دەيمەن ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا كۆچۈرۈپ.مۇھىم نەرسىلەرنى كومپىيۇتېردىنلا كۆچۈرمەمدۇ
شۇ. ئادەم كۆنۈپمۇ قالىدىكەن. ھازىر ئۇ ئىقتىدارى پەقەتلا ئىشلىمەيدىغاندەك ھېس قىلىدىغان بوپقالدىم. ئىھتىياجىم چۈشمەيۋاتقاندەك … ئالمىنىڭ ئۆزىنىڭ خاس تۇتقان يولى بولىدىكەن. بىز ئۇنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنىڭغا ئامال يوق ئەگىشىپ قالىدىكەنمىز. بىز دەسلەپتە نوكىيا قاتارلىق ماركىلارغا ئۇچراشقانلىقىمىز سەۋەبلىك ئالمىنىڭ بۇ ئىقتىدارىنى كەمچىللىك دەپ ئەيىپلىگۈمىز كەلگەن بولسا كېرەك. لېكىن دەسلەپ ئالما بىلەن، كىيىن نوكىيا بىلەن ئۇچراشقان بولساق بۇنى ئەيىپلىمەستىن پەقەت نوكىيانىڭ شۇ ئىقتىدارىنى ماختىشىمىز مۇمكىن ئىدى.
شۇ مەنغۇ ئالمىغا بەكلا كىرىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن كەمچىلىكمۇ ئارتۇقچىلىق تۇيۇلىدۇ
مەنمۇ كىرگەنسىرى شۇنداق تۇيۇلار بەلكىم ، داۋاملىق كومپىيوتىر بار يەردىلا بولمايمىز دە ، بەزىدە بۇ كۆكچىش ئىقتىدارى راستىنلا زۆرۈر بوپ قالىدۇ ، باشقا يانفۇن تۈگۈل ئىككى ئايفونمۇ بىر بىرىنى تاپالمىدى ، بىرسى ئايفۇن 3 ، يەنە بىرسى 4 ئىدى ، ئالما شىركىتىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان نەرسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يۈرمەس ، ئەگەر ئىشلەپ قالسا زۆرۈر بولغاندا بەك ئەسقاتىدۇ بۇ . يا مەن تەڭشەيدىغان يەرلىرى بولسا بىلەلمىدىممۇ ، ئىككى ئايفۇن ئارىسىدىمۇ بىر بىرىنى تاپالمىغىنى نىمىسى ،
توغرا، ئىشلىمەيدىغان نەرسىنى بىكار ياسىمايدۇ. ئايفوننىڭ كۆكچىشىنى مەخسۇس قۇلاقلىق ئۈچۈن ياسىغان. ھۆججەت ئىۋەتىش ئۈچۈن ئەمەس. نېمىگە ياسىغىنىنى بىلسىڭىز بەلكى سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا ئۆزىڭىز ئېرىشكەن بولاتتىڭىز. مەن ئايفوننى ماشىنا بىلەنمۇ ئۇلاپ باققان.
ھە، مۇنداق دەڭ ، بىلىۋالدىم، مەن كۆكچىش تىڭشىغۇچنى ئانچە ئىشلىتىپ كەتمىگەچ بۇ تەرىپىنى ئويلىماپتىمەن ، توغرا، بۇ شوپۇرلارغا بەك ئەسقاتىدۇ ، مەنمۇ نوكىيا 5800 نى ماشىنىنىڭ يانفۇن ياردەمچىسىگە ئۇلاپ ئىشلىتىپ باققان ، تېلىفۇن ئۇرۇش ، قوبۇل قىلىش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى ئىكەن، ھەم بىخەتەرلىككىمۇ كۆپ پايدىلىق .
مەن ئايفۇن ئىشلىتىۋاتقىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى ، شۇڭا بىلمەيدىغانلىرىم كۆپ ، ئارتۇقچە سۇئال سوراپ قالساقمۇ خاپا بولمىغايلا …
ياقەي. ئارتۇق ئويلاپ كېتىپسىز. بىلمىگەن نەرسىنى تەڭ ئۆگىنىمىز. تارتىنماڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندىم، سىزنىڭ ئايفۇنىڭىزنىڭ ئۇستى سول بۇرجەكتىكى ‹پاسىبان› دىگەن خەت قىزىل چىقىدىكەن، ھەم
ئونىڭ يېنىدا قىزىل رەڭلىك بىر ماشىنا باركەن،بىزنىڭ ئايفۇنىمىزنىمۇ شۇنداق قىلغىلى بۇلامدۇ؟مەن تولىمۇ قىزقىپ قالدىم بىلىملىرڭىزنى
ئايمىغايسىز. سىزدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن، ئاللاھ ئەجىرڭىزنى بەرسۇن، كوپ جاپا چىكىۋاتىسىز.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تۈرمىدىن قاچۇرغانلا بولسا ھەممىسىدە بولىدۇ. بۇ Emoji كونۇپكا تاختىسىنىڭ ئىشى. شۇنى قوشقاندىن كىيىن چىقارغىلى بولىدۇ. قوشۇش ئۇسۇلىنى يازما قىلىپ يوللاي دېگەن ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ. ئاللاھ خالىسا تەپسىلىي قىلىپ يوللايمەن
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . مۇنداقلا دەپ بەرسىڭىز بىلۋالاتتىم. دەپ بېرەرسىزمۇ؟
مەن 91 نىڭ 来电秀 نى قاچىلاپ شۇنىڭ تەڭشىكىدىن 添加Emoji键盘 دېگەن يېرىدىن قوشقان. لېكىن بۇنى قاچىلىمايمۇ قىلغىلى بولاتتى. شۇڭا ئىزدىنىپ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلنى تېپىپ ئاندىن يوللىماقچى ئېدىم. سىزدە بۇ بولسا مۇشۇ يەردىن قوشىۋېلىڭ. بولمىسا Cydia دىن ئىزدەپ باقارسىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋالىڭىز پاسىبان ئەپەندى،مىھرىبان ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن،ئامىين……سىزدىن بىر ئىشنى سوراپ باقاي دىگەنتىم. ھازىر مىنىڭ ئايفۇنۇمنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدا : ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئېنگىلىسچە، خەت نۇسخىسى بار، مەن ئۇيغۇرچىنى قوشقاندىن كىيىن ئەرەپچە خەت يوقالدى، يۇقارقى 3خل خەت نۇسخىسقا ئەرەپچىنىمۇ قۇشۇپ تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بۇلامدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. رەھمەت. ئاللاھ سىزنىمۇ سالامەت قىلسۇن. ھازىرقى ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى ئەرەپچىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قوشقان بولغانلىقتىن ئەسلىدىكى ئەرەپچىنى ئالماشتۇرىۋەتكەن. شۇڭا يا ئەرەپچىگە تۇرىمىز، يا ئۇيغۇرچىغا. شۇڭا مۇمكىن بولماي قالارمىكىن. سىناپ باقماپتىمەن. ھەر ئىككىلىسىنى چىقارغىلى بولىدىغان ئامالنى بىلىدىغانلار بولسا تەڭ پايدىلانساق بولىدۇ.
پاسىبان ئەپەندى بارمۇ سىز؟ سۇئالىم جاۋاپسىز قالدى. تەقەززا بوپ كەتتىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، پاسىبان ئەپەندى ، ھەرقانداق تور بەتتىكى ، كىنو-ناخشىلارنى، بىمالال ئۇقۇپ قۇيالايدىغان، دېتال بارمىدۇ؟
مىنىڭ ئايفۇنۇم پەقەت ‹56، بەيدۇ، تۇدو›قاتارلىق توربىكەتتىكى كىنودىن باشقا كىنولارنى قۇيالمىدى. ‹ئۇلىنىش›تىكى كىنولارنىڭ
ھىچ بىرسمۇ چىقمىدى. ئامال بولسا ياردىمىڭىزنى ئايمىغايسىز. سىزنى كوپ ئاۋارە قىلدىم.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. شۇنى قويغانغا خوش بولۇپ قويۇپ تۇرۇڭ. ھەقىچان Cydia دىن ھېلىقى MobileCinema دېگەن ياماقنى تونۇشتۇرغان يازمىغا ئاساسەن قوشقانغۇ دەيمەن؟ 4.0 دە مۇشۇنچىلىك تونۇيدىكەن. 5.0 نىڭ ھەقىقىي نۇسقىسى چىققاندا يامىمايلا ئۆزىدە قويىدىغان قىپتۇ. شۇ چاغقىچە ساقلاپ تۇرايلى
ھەممىڭلارغا سالام،
ئەرەبچە يېزىش ئۈچۈن، كونۇپكا قوشىدىغان يەردىكى ئەرەبچە كونۇپكىنىڭ ئاستىدىكى تاللاپ قويۇلغان ئۇيغۇرچىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئەرەبچىنى تاللىساق بولىدىكەن، ئەرەبچە نورمال يېزىلىدىكەن ، ئەرەبچە يېزىپ بولۇپ ئاندىن يەنە قايتىدىن ئۇيغۇرچىنى تاللاپ قويساق بولىدىكەن، ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەبچىنى تەڭ تاللىغىلى بولمايدىكەن ،
بۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر ئەرەبچە ھەرىپلەرنى قاپلىۋالغانمۇ ئەمەسكەن، يەنى ئەرەبچە ھەرىپلەرمۇ نورمال ئىكەن ،
پەقەت تىزىملىكتىن ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا تاللىغىلى بولمايدىكەن، ئەگەر ھەر ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا تاللىغىلى بولغان بولسا ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچىنى ئارىلاش يىازغىلى بولاتتى ،
ئەگەر ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنى بىز ئادەتتە ئىشلەتمەيدىغان باشقا بىر تىلدىكى كونۇپكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا يەنە بولاتتى،
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ياسىغان ئۇستازلارغا ئىنكاس قىلىپ بېقىلسا بەلكىم ئۇلار ، ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچىنى تەڭ ئىشلىتىش ئېھتىياجى بار تورداشلارغا شۇنداق نۇسخدىكى كىرگۈزگۈچنى ياساپ بېرىشىمۇ مومكىن …
ئەگەر شۇنىڭغا ئىمكان بولسا بىرىنىڭ ئىچىگە تىقىپ يۈرمەيلا ئايرىم بىر كىرگۈزگۈچ قىلىپ ياسايتتى. ئۇيغۇر پىداكارلىرىمىزنىڭ تېخنىكىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ بۇمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالار. ئەرەپچىگە قوشىۋېتىشتىكى مەقسەت ئەرەپچىدىمۇ ئوڭ تەرەپتىن باشلايدىغان بولغانلىقى ۋە ھەرپلەرنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى سەۋەبىدىن. بۇنىڭغا قوشۇپ قويۇش مەقسەتسىز بولغان ئىش ئەمەس.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئۇستاز بامۇ سىز ماڭا ياردەم قىلىڭە، مەن ئايفۇنۇمغا Cydiaدىن91来电秀نى قاچىلغان ئىدىم ،بەك ئەپسۇس ئايفۇن قوزغالماس بوپ قالدى ،بىراق iTunesقا ۋە ئېتولىس تا نورمال ئۇلىنىپ ئىچكى سېستىمىسى ئېچېلۋاتىدۇ. تۇنۇگۇن بىر شۇنداق بوپ قالغانتى، ئۇزى ئېچىلغان بۇگۇن ئېچىلمىدى ئەتىگەندىن بىرى ئاق ئالما بوپ تۇردۇ، چۇشتە مەن ئېتولىسقا چېتىپ ئىچىدىكى سېستىمىسى ئارىسىدىن 来电秀نىڭ ھوججختىنى قول بىلەن يۇيۋەتكەنتىم . ھىچ بىلەلمىدىم ، ئىچىدە نۇرغۇن نەرسىلەر باتى. كوڭلۇم بەكلا يېرىم ئامال بولسا بىر چارە-ئۇسۇل دەپ بەرگەن بولسىڭىز تولىمۇ مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم
91手机助手 نىڭ ئايفون ئۈچۈن بىر نەرسىسى بولىدۇ. شۇنىڭدا ئاق ئالمىنى ئوڭشاش دەيدىغان بىر يېرى بار. شۇ ئارقىلىق ئوڭشاپ كۆرۈڭ. مەنمۇ دەسلەپ بۇنى يۇيىۋەتكەندە مۇشۇنداق بوپقالغان. بۇ ئاساسلىقى قوزغىلىش ئىچىدىكى پروگراممىلار ئىچىدە توقۇنۇش بولغاندا پروگراممىلارنى ئوقۇيالماي ئايفوننىڭ سېستىمىسىنى قاتۇرۇپ قويغانلىقتىن بولىدۇ. 来电秀 نى يۇيىۋېتەلىسىڭىز يۇيىۋېتىپ 91 نىڭ 修复白苹果 دېگەن ئىقتىدارى ئارقىلىق ئوڭشىۋېلىڭ. بۇ قىيىن ئەمەس.
سىزگە 来电秀 دىن ياخشىراق بولغان بۇ ئەپنى تەۋسىيە قىلىمەن:
/201104241600.html
دىمەكچى بولغىنىڭىز كومپىيوتىرغا قاچىلايدىغان91手机助手 نى دىمەكچىمۇ؟ ئەپسۇس ئايفۇنۇم ھازىر ئاق ئالما.
شۇنداق. شۇنى قاچىلاپ 修复白苹果 قىلسىڭىز ئاق ئالما قوزغىلىدۇ، ئىنشائاللاھ!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى يەنە بىر ئىشنى سوراي سىز ۋە باشقا قېرىنداشلار 91 چوماقچىنى ئىشلىتىشنى بەكلا چەكلەۋاتىسىلەر، دىمىسىمۇ مەن بۇنىڭ زىيىننى 2كۇندىن بىرى ھىس قىلىپ يەتتىم. بىراق ھەقسىز يېڭى ئۇيۇن-دېتاللار 91 دە كوپرەك ئۇچرايدىكەن. مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم 91 دىن چۇشۇرۇپ itoolsدا قاچىلساق بىخەتەر بۇلامدۇ ياكى يەنىلا بۇ چوماقچىدىن چوماق يەپ ئولتۇرمىزمۇ؟ چۇشەنچە بەسىڭىز. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ئامىين……..
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تەۋسىيە قىلماسلىقتىكى ئاساسىي سەۋەب 91 دىكىنىڭ PXL ھۆججىتى بولغانلىقى ئۈچۈن. بۇنىڭ ئەخلەت ھۆججەتلىرى كۆپ بولىدۇ. سىزنىڭكىدەك ئاق ئالما بولىۋالىدۇ. مەن ھەقسىز نەرسىلەرنى بىۋاستە ئايتيۇنىستىن تاپىدىغان ئۇسۇل توغرىسىدا بىر يازما يازغان. شۇنىڭغا ئاساسەن ئىزدەپ تاپقىنىڭىز ئەڭ بىخەتەر. WEIPHONE, TGBUS تىمۇ ھەقسىز ئۇيۇنلار بار. IPA شەكلىدىكى. شۇلارمۇ بولىدىغۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان بۇرادەر بارمۇ سىز؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەن بار
ياخشىمۇ سىز مەندە بىردانە 2- ئەۋلات 3.13 ھۆججەت قاچىلاغلىق ئايفوندىن بىرى باتتى بۇنىڭكى Cydia ئېچىلماس بوپ قالدى … ھۆججەتنى يىڭلاي دەپ توردىن 4.21 نى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام خاتالىق ئۇچىرى چىقىۋالدى ‹‹سىستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ دەپ ›› ئىمكان بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنجە بەرسىڭىز Cydia ئوڭشاشقا بولامدۇ ياكى سىستىمىنى قايتا قاچىلاشقىمۇ….. ھازىر توردىن چۈشۈرگەن نۇرغۇن سىستىمىلار 3.13 ھۆججەتتە نۇرمال ئىشلىمەيدىكەن ھازىر 4.21 نى قاچىلاشقىمۇ 3.13 قايتا قاچىلاشقىمۇ بولمايۋاتىدۇ بۇرۇن تېلفۇننى ئىھتىياتسىزلىقتىن 4.21 غا كۆتۈرۋىتىپ كىيىن تېلفۇن بازرىدا 3.13 قايتا يازغۇزۇپ ئوڭشاتقان يا شۇنىڭ ئىشىمۇ …… مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنجە بەرسىڭىز……
كونا سېستىمىنى قايتىدىن قاچىلىغىلى بولمايدۇ. چوقۇم 4.3.3 نى يېڭىلاش كېرەك. كونا سېستىما ئارقىلىق يېڭىلىغاندا ئالما مۇلازىمىتىرى رەت قىلىۋېتىدۇ. 2-ئەۋلاد ئايفونغا ماۋۇ بەتتىكى 4.3.3 نىڭ قاچىلاش بولىقىنى تېپىپ چۈشۈرۈڭ. 2-ئەۋلاد iPhone 3G دېگىنى شۇ
http://iphone.tgbus.com/software/applesoft/201105/20110505092100.shtml
تۈرمىدىن قاچۇرماقچى بولسىڭىز ماۋۇ بەتتە iOS 4.3.3 نىڭ مەخسۇس يېشىش قورالى بار. شۇ ئارقىلىق يېشىسىز.
http://dl.dbank.com/c02tg8uoj9
يېشىش قورالى ئوخشىمىغان بىلەن يېشىش ئۇسۇلى بۇ يازمىدىكىگە ئوخشايدۇ. يەنى ئۈسىتىدىكى قورال ئارقىلىق بۇ يازمىدىكى ئۇسۇل بىلەن تۈرمىدىن قاچىلاپ يېڭىلىيالايسىز.
/201104051508.html
ياخشىمۇ سىز ! مىنڭ سىز بىلەن ئورتاق لاشقىم بارتى ! مەن مۇ بەك ئالمىغا قىزقىمەن! تونۇشىپ قالساق چ چ 87559025
ياخشىمۇسىز. مەن كىيۇ-كىيۇنى كۆپ ئېىچىپ كەتمەيمەن. كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىدىغان ياخشى نەرسە بولسا ئېلخەت يوللىسىڭىز مەن يوللاپ قويساممۇ بولىدۇ.
سىز نىڭ ئېلخەت ئادىرىڭىز چۇ؟
بۇ ئەپ بەلكىم سىز دە بولشىمۇ مۇمكىن شۇندا بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم
AskTocall拨号确认 بۇبەك ياخشى ئەپ كەن ! سىز ئادەتتە تىلفون قىلغاندا سىزدېن تىلفون قىلامسىز دەپ سورايدىكەن ! بۇنداق بولغاندا تىلفون بىسلېب كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىىدىكەن!
بۇنى ئىشلىتىپ باقمىغانكەنمەن. سىناپ كۆرەي.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان قېرىندىشىم، كولۇبىڭىزدا ئايفۇن ئۈچۈن ياخشى ئەپ ۋە ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇۋاتىسىز، بىلىمىڭىزنى، ۋاختىڭىزنى قېرىنداشلا ئۈچۈن ئايىمايۋاتىسىز، ئەجرىڭىزگە ئاللا كاتتا مۇكاپات بەرسۇن.
ئەمدىكى گەپ مۇشۇ ئايفۇن ئۈچۈن ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇۋاتقان ئەپلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى توختىدىغان ياخشىراق ئەپ بولسا تەۋسىيە قىلىپ مەشخۇلات جەريانىنى تونۇشتۇرغان بولسىڭىز. ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولغان ئەپلەر ئايفۇننىڭ سۈرئىتىگە تەسەر قىلمىغان بىلەن توك تىزراق خورايدىكەن، شۇڭا مۇشۇ جەھەتتە بىر ياردەم قىلىسىڭىز. رەھمەت! مېنىڭ ئايفۇنۇم (iphone4(بەزىدە ئىشلەتمىسەممۇ ئۆزىچە قىززىپ توكى ئاسانلا خوراپ كېتىدۇ، شۇڭا مۇشۇ ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولىۋاتقان ئەپلەرنىڭ ئىشىمىكىن دەيمەن.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم سۇدىيا ئارقىلىق قاچىلىغان ئەپلەرنى قانداق يۇيىىمىز ؟ ياردەم قىلسىڭىز.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سۇدىيا دېگەن ئىسىم بولىدىكەن، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىسمىنى قويىۋاپسىزغۇ بۇنىڭغا؟ بەك ئامراق ئوخشىمامسىز بۇ سۇدىياغا؟
ئۇنداق دېگەن بىلەن راسلا بولىدىغان نېمە زادى بۇ. قاچىلىغان ئەپلەرنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن Cydia نى ئېچىپ 管理-软件包 نى ئاچسىڭىز سىز قاچىلىغان ھەممە ياماقلارنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ يەردىن ئۆچۈرمەكچى بولغان ئەپنى ئېچىڭ. ئوڭ ئۈستىدە 更改 نى كۆرىسىز. بۇنى باسسىڭىز قايتا قاچىلاش ۋە ئۆچۈرۈش دېگەن يەرنى كۆرىسىز. 卸载 نى بېسىپ ئۆچۈرەلەيسىز. ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تور كەتمەيدۇ. تور يوق ھالەتتىمۇ ئۆچۈرگىلى بولىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ سۇدىيارىڭىزنىڭ تىلى ئېنگلىزچە بولسا Manage دىن Packages قۇ دەيمەن. ئىشقىلىپ Manage دېگەن جاينىڭ ئۈستىدىكى يەرگە كىرىسىز. ئۆچۈرىدىغاننى تاللاپ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى Modify نى باسىمىز، ئاندىن Remove نى باسساق ئۆچىدۇ.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم سۇدىيا ئارقىلىق قاچىلىغان ئەپلەرنى قانداق يۇيىىمىز ؟ ياردەم قىلسىڭىز.
ئېكراننى ئازراق ئۈستىگە سۈرۈپ ئۆچۈرىسىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان بۇرادەر سالامەتمۇ سىز. ئاللاھ سالامەت قىلسۇن.
مەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىش زالىدىن iphone4 دىن بىرنى سېتۋالغان ئىدىم. مەن سېتىۋالغاندا4.2 نەشرى بار ئىدى . تۇنۇگۇن 4.3.3 نەشىرگە كوتۇرسەم تور قۇلۇپى باركەن، ھەر قانچە قىلىپمۇ
ئاچالمىدىم ، ئاخىرى يەنە سىزنى ئاۋارە قىلىپ مەسلىھەت سورۇدۇم .قانداق قىلىپ ئوڭۇشلۇق
يەشكىلى بۇلىدۇ؟ مالال قىلدىم كەچۇرۇڭ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. رەھمەت! سىزمۇ سالامەت بولۇڭ.
دۆلەت مېلىنىڭ قۇلۇپى يوق ئېدىغۇ؟ سىز قايسى تور قۇلۇپىنى دېمەكچى؟ iTunes قا ئۇلاپ ئاكتىپلاپ ئىشلەتسىڭىزلا بولاتتىغۇ؟
simكارتىسنىڭ تور سىگنالى يوق . تور ئىزلەۋاتقان ھالەتتىلا تۇردۇ،
سىزنىڭ قانۇنلۇق سېتىۋالغان بولغاندىن كىيىن ئاپىرىپ كۆرسىتىپ بېقىڭ بولمىسا. تۈرمىدىن قاچۇرمىغانلا بولسىڭىز ئۇلار ئېگە بولىدۇ. بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئېدى ئەسلى.
simكارتىسنىڭ سىگنالى يوق . تور ئىزدەپلا يۇرۇيدۇ
شۇ تۇرمىدىن قاچۇرغان ئىدىم. ھە راس سېستىما نەشىرنى كوتەرگندىن كىيىن ئايفۇن قوزغۇلۇپ كارتىنى قىستۇرۇڭ دىگەنتى. ئەممامەن ئۇنداق قىلمايلا تۇرمىدىن قاچۇرغان شۇنىڭ ئىشىغۇ ئەمەستۇ ھە؟
ئاۋال ئاكتىپلاپ ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش كېرەك ئىدى. چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالما تېلىفۇندىن چوڭ چاتاق چىقتى. ياردەم قىلساڭلا ياردەم…………………….
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش قېرىنداشلا! ئالما تېلىفۇندىن چوڭ چاتاق چىقتى. ياردەم قىلساڭلا ياردەم. مېنىڭ QQ :278296337
مىنىڭ ئالما4 فۈنۇم دا ئالمىنىڭ لام سۇرتى چىقىپ ئچىلمىدى يارىدەم كىلساڭلا
قاچىلىغان نەرسىلەردە توقۇنۇش بولغان بولسا كېرەك. 91 نى قاچىلىغان بولسىڭىز 修复白苹果 دەيدىغان بىر يەر بار. شۇنىڭ ئارقىلىق ئوڭشىيالايسىز.
سىستىماقايتا قاچىلاندى لىكىن تۇرمىدىن قىچىغلىقتى ئەمدە ماڭا4.3.4,دېگەن سېستىما قاچلىنىپتۇ
قانداق قېلغۇلۇق ئەمدە لىكىن بەك مۈ قۈققانتىم بۇتىلفۇننۇم بۇزۇلغان ئۇىشايدۇ دەپ ئاللاغا شۇكرى
بۇ ئالما دىگەن بوپ قويدىكەن مەن ئوتكەن يىل12 ئايداليەنتوڭ دىن5800تولەپ ئاپتىم تازاھادۇقۇم چىقتى
شۇنىڭ بىلەن ئايپەد2 بىرنى ئالدىم بۇئايپەد2بۇپقۇيدىكەن بولۇپ مۇ كىتاپ ئوقۇش تا ياخشى كەن
مەن ئۇيغۇرچەبەتلەردىكى ئەمتىۋى فىلىم نى كورە مىدم بۇنىڭ غا ئايپەد 2 دە بۇنىڭ غا ئامالبارمۇدۇ ئۇزتازلا
رەخمەت……؟؟؟؟؟؟؟؟
iOS 5.0 دىن كىيىن ئامال بولىدىغان ئوخشايدۇ. 4.3.4 كە ئامال يوق ھازىرچە. تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز youku 56 دېگەندەك بەتلەرنىڭ ئۆزىدە تۇرۇپ كۆرگىلى بولىدىغان ئامال بار ئىدى. لېكىن ئۇمۇ تازا مۇكەممەل ئەمەس
ئانجىرويىد سېستىمىلىق تىلفۇنغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش قانداقراق بۇلىۋاتىدۇ؟
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى قانداق ئەھۋالىڭىز؟ سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم نوكىيا ئېن 8 غا ئۇيغۇرچە خەت تۇنۇتقىلى بۇلامدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. Symbian تېلىفونلىرىغا ئۇيغۇرچە فونتنى قانداق تونىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. بىلىك كۇلۇبىدا مۇشۇنداق مەزمۇنلار باردەك قىلغان.
بەك ياخشى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى
4.3.4 نىڭ قۇلۇپپى نىڭ خەۋىر بار دەك مۇ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇنى يېشىش ئۇسۇلى خېلى قىيىنلىشىپتۇمىش. كېچىكىپرەك چىققۇدەك.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان بۇرادەر سالامەتمۇ سىز؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن ئامىين. بىز ئادەتتە ھەر بىر يېڭىلىق دېتال-ئۇيۇنلار چىقسا ئالمىللىرىمىزغا قاچىلاپلا تۇرمىز. دىمەك 1 كۇندە ئالمىنى نەچچە قېتىم كومپىيوتىرغا ئۇلايمىز دىگەن گەپ. مۇشۇنداق بۇلېۋەرسە ئالمىنىڭ باتارىيسىنىڭ ئومىرنىڭ ئۇزۇن بۇلىشىغا تەسىر يىتەمدۇ يوق؟ قانداق قىلغاندا باتارىيەسىنى ئاسىراپ ئومىرنى ئۇزارتقىلى بۇلىدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە ماتىرياللاردىن كورگەن ۋە ئۇزىڭىزنىڭ توپلىغان تەجىربىڭىزگە ئاساسەن تەپسىلى بىر چۇشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن. ئالمىچىلار ئورتاق پايدىلانساق.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇنىڭ زىيىنى يوق. ماي تىجەش توغرىسىدا ئىنشا ئاللاھ بىر يازما يوللاي ئەمىسە
ئەسسالامۇئەلەيكۇم پاسىبان. مۇشۇ 4.3.4 نى 4.3.3 كە ياندۇرۇشنىڭ ئامالى بارمىدۇ؟ سىلىنى مۇشۇنداق ھېلى ئۇنى ھېلى بۇنى دەپ ئەۋارە قىلدىكەنمىز. مەن 5 كۈن بولدى سلىنىڭ توربەتنى كۆرۈۋاتقىلى، ئاللا رەخمەت قىلسۇن. ناھايىتى ياخشى ئىش قىلىۋاتىلا . مەن مۇشۇ 2002-يىلى چ چ نى كومپىيۇتۇرنىڭ ئۈستەل يۈزىدىن يۇيىۋېتىپ
قەشقەرنىڭ سەيگى غا ئەكىرسەم 50يۇەن ئىلىپ ئوڭشاپ بەرگەن. ئۆتكەن يىل ئايفون 4 نى ئالغاندا ماڭا سىستىمىنى يىشىپ بىرەي، 500 يۇەن كېتىدۇ دەپتى، مەن بولدىلا دەپتىكەنمەن. ياخشى مانا ئەمدە ئۇستازلار نىڭ باھانىسىدا تۈرمىدىن قاچۇرۋالىدىغان ئوخشايمەن .مەن بۇ 5 كۈننىڭزى جىق بىلىمگە ئىگە بولىۋالدىم. ئاللا قوللىرىغا دەت بەرمىسۇن ………….
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھېچقىسى يوق.
4.3.4 نى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ بەتتىكى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىڭ.
http://goo.gl/zhYTk
ئەسسالامۇئەلەيكۇم iOS5نى ئايپەد كە ياكى ئايفۇنغا قاچڭلاپ ئشلەتكىنى بولامدۇھازىر دىن تارتىپ ….«
ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مەن سىلى دېگەندەك قىلىپ ئايپەد 4.3.4 تىن 4.3.3 چۈشۈرۈپ تۈر مىدىن قاچۇرىۋالدىم. رەھمەت سىلىگە پاسىبان
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مۇبارەك بولسۇن
ئاللارەخمەت قىلسۇن بەكمۇ ئەپلىشىپتۇ بىز نىڭ كۇلۇب كۇن دىنكۇنگە سەرخىل لىشىۋاتىدۇ پەن تەخنىكىدىن بىز مۇ بەرى ئالنى ئاللا قولڭىزغا دەت بەرمىسۇن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ يەردىكى تورداشلار بىلەن ئايفون ھەققىدە ئورتاقلاشقىنىمدىن خۇشالمەن.
بۈگۈن سورايدىغان بىر ئشىم، ئايفونغا چۈشۈرۈۋالغان يېقىقملىق مۇزىكامنى تېلىفون كەلگەندە سايرايدىغان قىلىشنى بىلەلمىدىم. بۇ ھەقتە يول كۆرسەتسەڭلار رەھمەت!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
پاسىبان ئەپەندىم، “ ئايفۇن 4 ئىشلىتىپ بۇلارنى بايقىغانمىدىڭىز “ ناملىق تېمىڭىزدىكى : ئېكراننىڭ ئۈستى تەرەپتىكى ۋەزىپە رامكىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قارا چېكىتنى باسسا تور بەت ، ئېلخىەت ، قىسقا ئۇچۇرلارنى كۆرىۋاتقاندا شۇ بەتنىڭ ئۈستىگە يۆتكەپ بېرىدىغانلىغىنى يېزىپتىكەنسىز ،
قارىسام بۇ قارا چېكىت ۋەزىپە رامكىسدا ئىكەن، ( رەسىمدىن قارىغاندا ) ،
يەنى ، بۇ قارا چېكىت قاتتىق دېتالغا تەۋە ئەمەسكەن دىمەكچىمەن ، ئەگەر يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك بولسا ، ئانداقتا مۇشۇ قارا چېكىتنى iphone 3Gs كىمۇ پەيدا قىلغىلى بولامۇ ؟
تور بەت كۆرىۋاتقاندا ؛ ئادرىس سىتونىغا يېڭى توربەت ئادرىسىنى يازماقچى بولسام ، ئېكراننى بىر مۇنچە سۈرۈپ ئۈستىگە چىقىشقا توغرا كېلىدۇ ، ئەگەر يۇمشاق دېتال ئارقىلىق 3 – ئەۋلات ئايفۇنغىمۇ مۇشۇ “ قارىۋاي “ نى پەيدا قىلغىلى بولسا ، ھە …
ھېچكىشىنىڭ ئايفونىنىڭ ئوتتۇرىدا قارا چېكىت بولمايدۇ، بۇ قارا چېكىتنى فوتوشوپتا قويغان ئوغاۋالا. شۇ يەنى قوقماي باسىلى، بولاۋىرىدا. ئاشۇ سائەت چىقىدىغان يە شۇ
چوڭ قەشقەرلىقنىڭ گەپلىرىنى ، ھا ھا ھا ، …
ھە راس ، “ كىچىك قەشقەرلىق “ سېسېق گەپ قىلمايۋاتامدۇ يېقىندىن …
قايسى بىر كۈنى ئۇخلاپ قوپاپ كەمپۈتىنى بىرسىنىڭ يەۋالغىنىنى كۆرۈپ مەندىن كىم يىدى دەپ سورىدى، ئاناڭ يېدى دېسەم قەغىزىنى پۇلاپلا ئانىسىنىڭ ئاغزىغا تىققىلى تۇردى:
ماۋۇ قاپتۇ مانىمۇ يېۋېتە ئالە، دەيدۇ
assalamu alaykum pasiban buradar ,ramzan mubarak. kulupka tizimlitip kirganlar baxb suratni lahyaliyalaymizmu? yaki baxkurguqilargila hasmu?
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! بىرگە بولسۇن!
تىزىملاتمىساقمۇ بولىۋېرىدۇ. بۇ Gravatar دىكى باش سۈرەت. مۇشۇ گراۋاتار تۇغىنى قوللايدىغان ھەرقانداق جايدا ئاشۇ باش سۈرەتنى ئىشلىتەلەيمىز. ھەر بىر بەتكە بىردىن توغرىلاشنىڭ ھاجىتى يوق. تەدبىركار تور بېكىتىدە بۇ توغرىسىدا مەخسۇس يازما بار.
http://www.tedbirkar.net/gravatar.html
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان بۇرادەر سالامەتمۇ سىز؟كوپ جاپا چىكىۋاتىسىز مىھرىبان ئاللاھ ئەجىرڭىزنى بەرسۇن .ئامىين…..سىزنى يەنە ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم مالال كورمىگەيسىز.مەن ئادەتتە سىز تەكىتلەپ تۇنۇشتۇرغان (ئتولىس ، توڭبۇ؛)دىگەنلەرنى ئايفۇنغا قاچىلاپ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كىلۋاتقان ئىدىم، ئادەتتە ‹ئىتۇنىس›دىن چۇشۇرۇپ شۇ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئامىن، دۇئالىرىڭىزغا رەھمەت. App Store دىن چۈشۈرگەن نەرسىنى ئەڭ ياخشىسى iTunes نىڭ ئۆزىدىن قاچىلاڭ. ئايتولس بىلەن يېشىۋەتكەن ئەپلەرنى نورمال قاچىلىيالايدىكەنسىز. لېكىن قانۇنلۇق ھالدا ئالما دۇكىنىدىن چۈشۈرگەن ئەپلەرنى بۇ نەرسە ئارقىلىق قاچىلىغىلى بولغان بىلەن ئېچىلمايدىكەن. مەنمۇ شۇنداق ئىشقا يولۇققان. شۇڭا ئەپ قاچىلاشتا يەنىلا ئايتيۇنىستىن پايدىلىنىڭ.
شۇ ئىككىسدە قاچىلايتىم بۇگۇن دېتاللارنى قاچىلسام ماڭماۋاتىدۇ.مەسلىھەت بەسىڭىز.
كەچۇرسىز بۇرادەر خەتنى ئايفۇندا يازغاچ ئەپسىز بوپ قالىدىكەن يوللاش قا قۇلۇم تىگىپ كىتىپ خەت ئىككىگە بۇلنىپ كەتتى خىجىلمەن.