پاسىبان كۇلۇبى | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 24 Feb 2012 08:38:53 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلارغا ئامال يوقتە … /knockoff-brands-in-china.html /knockoff-brands-in-china.html#comments Fri, 24 Feb 2012 08:14:50 +0000 پاسىبان /?p=3737 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
App Store دىن 25 مىليارد قېتىم ئەپ چۈشۈرۈلۈش رېكورتى

مارىس تىلى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ مانى بىر تەرجىمە قىلىۋېتىڭلارچۇ!

تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز بۇنى قاچىلىماسلىققا قانداق باھانىڭىز بار؟

ھېلىقى ساراڭ ئۇنداق-مۇنداق ساراڭ ئەمەسكەن!

ئۇلۇغ رامىزاندا سىزنىڭ قانداق پلانىڭىز بار؟ بۇ پلاننى كۆرۈپ بېقىڭ!
无觅 ]]>
جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلارغا ئامال يوقتە …

تاغتۇراچىلىق جۇڭگودا ئەۋج ئېلىپ، يۇقىرى دولقۇن بىلەن «تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقتىن» دۇنيا سودا ساھەسىنى قالايمىقانچىلىققا ئۇچرىتىۋاتىدۇ. چەتئەللەردە بۇ ساپاسىزلىقنى بەكلا نومۇس دەپ بىلسىمۇ، پۇل مال-دۇنيانىڭ ھەلەكچىلىكىدە تاغتۇراچىلار نومۇس بىلەن ئىشى يوق ھەر نەرسىنى قىلىشىىۋاتاتتى.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ياقا يۇرتلاردا يۈرگىنىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ بۇ تاغتۇراچىلار سەۋەبىدىن چىقىرىۋەتكەن گۈزەل ناملىرىنى ئاڭلاپمۇ ئۈلگۈردۇق. ئۆتكەندە كازافىي خەلقى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندە توردا مۇنداق بىر يۇمۇر تارقالدى.

ئەسلىدە كازافىينى ئورەكتىن ئەچىقىپلا ئېتىۋەتمەس ئىكەن. لېكىن بىچارە ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بىر سۆزنى خاتا قىپتۇدەك. ئۇ بىچارىنى ئەچىقىپلا سۈرۈن-توقاي قىلىپ تاتىقۇشلاپ يۈرسە بىچارە كازافىي:
- توختاڭلار، مەن كازافىي ئەمەس! ئادەمنى خاتا تۇتىۋالدىڭلار، مەن ساختىسى!  دەپتۇ. تۇتقۇن قىلغۇچىدىن بىرى:
- ئۇنداقتا ھەقىقىي كازافىي قەيەردە؟ دېسە كازافىي دەرھاللا:
- ئۇ جۇڭگودا ، دېمەسمۇ؟ ھېلىقى يېتىمنىڭ نەدىن كەلدى ئاچچىقى، تاڭلا قىپ چېكىسىگىلا ئېتىۋېتىپ:
- جۇڭگودىمۇ ھەقىقىي بىر نەرسە بولامدۇ ئەجەبا! دەپتۇ. :o))):

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دۆلىتىمىزنىڭ ئاشۇ بىر ئوچۇم ساختىپەزلىرىنىڭ دەستىدىن تىجارەتتىكى سېسىق نامى جاھاننى بىر ئېلىپ، جۇڭگونىڭ سودا ساھەسىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يېتىۋاتىدۇ. بىز تىجارەتچىلەرمۇ شۇنىڭ مەلۇم تەسىرىگە ئۇچراۋاتىمىز.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

بۇلارنىڭ چېتىلمايدىغان ساھەسى قالماپتۇ. BaiGooHoo دېگەن بۇ تاغتۇرا ئىزدەش ماتورىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ باھانىسىنىڭ چىرايلىقلىقىنى قاراڭ. بەزىلىرىگە قاراپ ئادەمنىڭ راستىنلا كۈلگۈسى كېلىدۇ.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

بۇ ئاياغنىڭ ھەقىقىي ماركىسىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. باھاسى بەكلا قىممەت ھەقاچان؟

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

يۇقارقىسى دۇنياۋى داڭلىق ماركا PUMA نىڭ لوگوسى. ئەقىللىق تاغلىقلار بۇنى قانداق ئۆزگەرتتى بىر كۆرۈپ باقايلى.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

بۇ قاپلان بەڭگىكەن تېخى.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ئېيىقمۇ سەكرەپ بېقىپتۇ.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ماۋۇنى كۆرۈپ بەكلا كۈلۈپتىمەن. قاپلاننى دۈملا ياتقۇزۇپ خورەك تارتقۇزۇپ قويۇپتۇ …

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

خېلى ئوخشاپتۇيۇ، لېكىن قارىساق بېشىدا تۈكى باركەنغۇ؟

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

تاغلىقلارنىڭ نەزىرىدە سەكرەيدىغانلا نەرسە بولسا PUMA بولىدىكەندە؟

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

يۇقارقىسى ئىتالىيەنىڭ داڭلىق ماركىسى كاپپا. ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن دۆلىتىمىزدە دۈمبىسىنى بىر-بىرىگە قىلىپ تۇرغان كاپپالاردىن قايسىلىرى بار بىر كۆرۈپ باقايلى.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

背靠背 خەلقئارا چەكلىك شىركىتى. قاراڭلار ماۋۇ شىركەت ئىسمىغا. نېمە دېگەن قولاشمىغان ئىسىم بۇ؟ ھېچ بولمىسا «خەلقئارا تاغتۇرا سودا چەكلىك شىركىتى» دېگەندەك بىرەر نەرسە دېگەن بولسا…

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

Kabba

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

Keppa

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

Koppo

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

Yappa

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

背靠背 نى ئېنگلىزچە BACK PO BACK دەمدىغاندۇ؟

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

Kaoba

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

 

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ئىككەيلەننىڭ ئارىلىقى سەل يىراقلىشىپ كەتتىمۇ نېمە؟

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

بۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق Adidas ماركىسى. بۇنىڭ تاغتۇراسى دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن گەپكەن.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

adibas

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

adidos

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

dasabi

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

odidoss

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ۋوي، ماۋۇنىڭدا a چۈپقاپتۇ ئەمەسمۇ؟ بوپتۇ ئۆزۈم قىستۇرىۋالاي…

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

 

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ماركا تەقلىد قىلىشقا بەكلا ياماندە بۇلار. «ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى» كەن.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

abcids …

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ماۋۇلار ئادىداسنىڭ ۋارىيانتلىرىكەن.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

NIKE نى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇنى قانداق ئۆزگەرتتى بىر قاراپ باقايلى.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

HIKE دەپ ئارىلىققا «ئۆسمە» ئۆستۈرۈپلا ياساپتۇ…

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

N ھەرىپىنى ئىككى پارچىلاپ IVIKE دەپتۇ.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ماۋۇسى NIKE شاھىكەن تېخى. 耐客王

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

LI-NING نى بىلىمىز. LI-MING دەپ ئاڭلىغانمۇ؟

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

ماۋۇنىڭدا 2 ھەرپ ئالمىشىپ كېتىپ قاپتۇ.

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

مەن يەتتە بۆرە 七匹狼  دەپ ئاڭلىغان، لېكىن سەككىز كۇچۇك 八只狗 دەپ ئاڭلىماپتىكەنمەن :o))):

جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلار

نېمىشقا ئېتىۋار بىلەن ساتقانكىن دېسەم ئەسلى سەۋەبى ماۋۇكەن. NUKE, Kppa, adedas …

iPhone نىڭ تاغتۇراسىنى دېمەيلا قويايلى. بازارغا چىقساقلا تۆۋىنى 150~200 دىن يۇقىرىسى نەچچە مىڭ يۈەنگىچە بار ئىكەن. بەزىلىرى شۇقەدەر ئوخشاتقانكى، iPhone غا كونىلار ئىشلىتىپ كۆرۈپ بىلمىسە يېڭىياچىلار ئالدىنىپلا كېتىدىكەن. ئىشقىلىپ جۇڭگوچىلىقتا مۇشۇنداق تاغتۇرا نەرسىلەرگە ئالدىنىپ كەتمەي ھۇشيارراق بولغىنىمىز ياخشى…

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/knockoff-brands-in-china.html/feed 3
يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر /mac-os-x-mountain-lion.html /mac-os-x-mountain-lion.html#comments Thu, 23 Feb 2012 07:29:49 +0000 پاسىبان /?p=3731 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iMessage ئاخىرى Mac سۇپىسىدىن ئورۇن ئالدى

GameLoft نىڭ ئويۇنلىرى پەقەتلا 6 يۈەن ($ 0.99)

ئايفوننىڭ 9 ئاي ئىچىدە قانچىلىك سېتىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

iPhone 4S ۋە iPad 2 لەر تۈرمىدىن قاچتى!

جۇڭگو تېلېگرافى ئايفون 4 نى سېتىشقا باشلىدى | ئايفون راستىنلا مەخپىي ئىز قوغلامدۇ؟
无觅 ]]>
يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

ئالدىنقى يىلى تېخى يېڭىچە مەك سېستىمىسى Mac OS X Lion نى يېڭىدىن نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى قوشۇپ ئېلان قىلىپ ئۈلگۈرۈشكەن ئالما شىركىتى، يېڭى  iPhone, iPod touch, MacBook, iMac … قاتارلىق بىر قاتار ئۈسكۈنىلىرىنى، شۇنداقلا ھەممىمىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان iOS سېستىمىسىنى، يەنە پات ئارىدا ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان iPad 3 نى لايىھەلەش ۋە ياساش  ئالدىراشچىلىقىدا تۇرسىمۇ، يىپيېڭى سېستىما OS X Mountain Lion نى ئېلان قىلغۇدەك.

16-فېۋرال كەچتە ئالما شىركىتى پروگراممېرلارغا تۇنجى بولۇپ OS X 10.8 نىڭ سىناق نۇسقىسىنى تارقاتتى. 10.8 لىك سېستىما – شىر ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن Mountain Lion «ئامېرىكا شىرى» دېگەن نام بىلەن مەيدانغا چىقىدىكەن. ئالما تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە ئامېرىكا شىرى بۇ يىل يازدا جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

سېتىمىغا iPad نىڭ كونا ئىشلەتكۈچىلىرىگە ناھايىتى تونۇش بولغان ئېلىمېنتلار قوشىۋېتىلگەن بولۇپ، ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ سېستىمىسىنىمۇ يات ھېس قىلدۇرماسلىق، شۇ ئارقىلىق مەكنى ئوموملاشتۇرۇش ۋە بازار تېپىش يولىغا ماڭغانلىقىنى كۆرۈۋالماق قىيىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار يېڭى سېستىمىدا iPad تىكى نۇرغۇن ئىقتىدارلارنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى، خاسلىقىنى ساقلىغان شەكىلدە تېخىمۇ ئېسىل بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ:

OS X Mountain Lion arrives this summer. With all-new features inspired by iPad, the Mac just keeps getting better and better.

بىز بۇ يازمىدا ئېيتىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇنلار پەقەت پروگراممېرلار ئۈچۈن تارقىتىلغان سىناق نۇسقىسىدىكى بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار بولۇپ، ئەسلى سېستىمىدا چوقۇم تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەر بار بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ پەقەت پروگراممىرلارغا تەمىنلىنىدىغان سىناق نۇسخا خالاس. ئاۋال بۇ سىننى بىر كۆرۈپ چىقايلى.

ئەمدى Mac OS X دېگەن نام يوقايدىكەن

شۇنداق، ئەمدى مەك سېستىمىسىغا Mac OS X (مەك مەشغۇلات سېستىمىسى 10 دېگەن مەنىدە) دەپ يۈرمەيدىكەن. ئالما شىركىتى سېستىما نامىدىن Mac نى چىقىرىپ تاشلاپ، پەقەت OS X دەپ ئاتاشنى باشلاپتۇ. مەنىسى ئوخشاشلا «مەشغۇلات سېستىمىسى» بولىدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى پەقەتلا Mac بولىشى كېرەك ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن Mac نى قوشسۇن قوشمىسۇن بەرىبىر بولسا كېرەك. ياكى ئۇلار iOS تىن پەرق ئېتىش ئۈچۈن كومپىيۇتېر سېستىمىسىغا OS X دەپ، تېلىفون ۋە iPad لىرىدىكىنى iOS دەپ ئاتاپ، Mac دېگەن بۇ نامنى قاتتىق دېتالغا (Mac كومپىيۇتېرلىرىغا) ئىشلىتىدىغانمۇ ئوخشايدۇ.

iCloud نى تېخىمۇ كېڭەيتىش

بىز مەيلى iOS 5 لىك سېستىما قاچىلانغان iDevice بولسۇن ياكى يېڭى OS X سېستىمىسى قاچىلانغان بىرەر Apple Device سېتىۋالساق، پەقەت iCloud نى باغلاپ قويۇش ئارقىلىقلا ئۈسكۈنىلەر ئارا مۇكەممەل بۇلۇت سۇپىسىدىن بەھرىمان بولالايدىكەنمىز. بۇ مەشغۇلات جەريان تولىمۇ ئاددىي بولىدىكەن.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

iPad تىكى بىزگە تونۇش ئاشۇ ئىقتىدارلار

Reminders ئەمدى Mac كە كۆچۈپ كەپتۇ. Notes يېڭىلىنىپتۇ. iCal ۋە 地址簿 نى 日历 ۋە 通讯录 غا ئۆزگەرتىپتۇ. iCloud قا ماسقەدەملەشتە ئىسىم ئاتاشتىكى ئوخشىماسلىقلارنى ئازايتىپ، بېرلىككە كېلىشى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپتۇ. (ھەجەپ رادىئودا سۆزلەۋاتقاندەك تۇيۇلدا؟)

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

ئۇنىۋېرسال پاراڭلىشىش قورالى – iChat

ئالدىنقى كۈنلىرى بىر يازمىمىزدا مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىن ئەتكەن ئىدۇق. خۇددى شۇنىڭدا ئېيتقاندەك، iChat نىڭ ئورنىنى ئەمدى Messages ئالغۇدەك. بۇ خۇددى iPad, iPhone لاردىكى iMessage غا ئوخشاش بولۇپ، 5.0 لىك iDevice لاردا راۋان پاراڭلاشقىلى بولىدىغان بوپتۇ.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

ئۇچۇر مەركىزى Notification Center

Growl نىڭ MAc سۇپىسىدىكى ناھايىتى ياخشى بولغان ئۇچۇر تەمىنلەش قورالى ئىكەنلىكىنى بەزىلەر بىلمىسە كېرەك. ئىشقىلىپ نېمىلا بولمىسۇن، بۇ قورال ئىلگىرى شۇنداق ئېدى. ئەمما شىرنىڭ چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ بۇنىڭ ئورنىنى ئالمىنى ئۆزىنىڭ ئۇچۇرتەمىنلەش مەركىزى بولغان Notification Center ئېلىپ كېتىپتۇ. چۈنكى بۇ iOS 5 ئابونتلىرىغا خېلىلا تونۇش بولۇپ كەتتى. كىشىلەرمۇ ياقتۇرۇپ قېلىشتى. بۇنى كومپىيۇتېر سېستىمىسىغا ئېلىپ كەلسە نۇرغۇن كىشىلەرگە ناتونۇش بولماسلىقى مۇمكىن.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

Game Center كومپىيۇتېر سېستىمىسىدىن ئورۇن ئالىدىكەن

دىققەت قىلغان بولساق، يېقىندىن بۇيان iPhone ۋە iPad كە ئوخشاش مودا بولىۋاتقان iDevice لارغا ئويۇن ياساۋاتقان شىركەتلەر بارغانسىرى Mac App Store تەرەپكىمۇ يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، iOS ئويۇنلىرىنى لايىھەلىگەن Objective-C دا ئوخشاشلا Mac سېستىمىسىنىڭ ئويۇنلىرىنىمۇ لايىھەلىگىلى بولىدۇ. پەقەتلا كىرىدىغان كىچىك ئىشىك ئوخشىمايدۇ. پروگراممېرلار ئۇ ئىشىكتىن يۈك-تاقىلىرىنى كۆچۈرۈپلا بۇ ئىشىكتىن ئەكىرسە ۋە ئاددىي بولغان ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزسە، Mac سسېتىمىسىدىمۇ بۇ ئويۇننى ئوينىغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇلارغا ئۇنچە قىيىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن iPhone دىكى نۇرغۇن ئويۇنلارنى ھازىر Mac تىن تاپالايمىز. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ بازىرى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئالما تەرەپ مۇشۇ سەۋەبلىك كومپىيۇتېر سېستىمىسىغا Game Center نى قوشقان بولسا كېرەك…

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

ھەمبەھرلىنىش ئېغىزى تەسىس قىلىنىپتۇ

يېڭى OS X ئۈچۈن ياسالغان ئەپلەرگە مەخسۇس تەمىنلەنگەن بۇ ئىقتىدار تېخىمۇ قولاي بولۇپ، بىز بىرەر تور بەتتىكى رەسىمنى باشقا يەرلەردە ھەمبەھرلەنمەكچى بولساق، تور كۆرگۈ ئارقىلىق ئاۋال ئۇ رەسىمنى ساقلىۋېلىپ، ئاندىن باشقا جايدا ئىشلىتىپ … دېگەندەك مەشغۇلاتلارنى قىلىپ يۈرمەيلا، شۇ رەسىمنىڭ ئۈستىگە ئەكەلسەكلا بۇ رەسىمنى باشقا جايلاردا (مەسىلەن، مىكروبلوگ، iMessage دېگەندەك) ھەمبەھرلەنگىلى بولىدىغان بوپتۇ.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

AirPlay Mirroring

ئىلگىرى iPhone 4S ۋە iPad 2 قىلالايدىغان AirPlay ئىقتىدارى ئەمدى OS X تىمۇ بوپتۇ. Apple TV نىڭ دۆلىتىمىزدە ئوملىشىشىغا كۆزىمىز يەتمىسىمۇ، بۇنى كۆرگەن ھەشەمەتخورلار چوقۇم ئامېرىكىدىن بولسىمۇ ئەكىلىپ ئىشلىتىدۇ. iPhone ۋە iPad لىرىمىز، Mac كومپىيۇتېرلىرىمىزمۇ سىمسىزلا Apple TV غا ئۇلىنىپ، سىن ئۇچۇرلىرىنى TV دا كۆرسەتكىلى بولىدىكەن.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

بىزگە تونۇش يەنە بىر نەرسە

ئالما شىركىتىنى دۇنياغا قايتىدىن تونۇتقان iPhone ۋە iPad نىڭ جۇڭگودا قانچىلىك سېتىلغانلىقىنى، جۇڭگو ئابونتلىرىنىڭ ئۇلارغا نەقەدەر زور پايدىلارنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ. Mountain Lion سېستىمىسى جۇڭگو ئابونتلىرىنى خېلىلا كۆزدە تۇتقان بولۇپ، 网易,QQ邮箱, 微博,优酷 قاتارلىق ئېلخەت ۋە سىن قويۇش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر ئالما ئورگان تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. تەڭشەش ئېلىپ بېرىش تېخىمۇ قولاي بولغان.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

OS X Mountain Lion نى تېخىمۇ كۆپرەك چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالما تور بېتىنى زىيارەت قىلىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/mac-os-x-mountain-lion.html/feed 2
App Store دىن 25 مىليارد قېتىم ئەپ چۈشۈرۈلۈش رېكورتى /25-billion-app-countdown.html /25-billion-app-countdown.html#comments Sun, 19 Feb 2012 20:19:34 +0000 پاسىبان /?p=3725 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
جۇڭگودىكى تاغتۇرا ماركىلارغا ئامال يوقتە …

ئالمىنىڭ New York مەركىزى ۋوگزال مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن كۆرۈنۈش

كىچىك بالىلار ئۈچۈن يەنە بىر ئوماق ئويۇن

ئالدىنقى ھەپتە ئالما ئېلان قىلغان 10 ياخشى ئەپ

تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا iPhone نى ئىسراپ قىلماڭ (7)
无觅 ]]>

بۇ نېمە گەپكىن دەپ قالدىڭلارغۇ دەيمەن. ئۆتكەن يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 10 مىلياردىنجى ئەپ App Store دىن چۈشۈرۈلگەن ئىكەن. قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە بۇ سان تېز سۈرئەتتە ئارتىپ، ھازىر 25 مىليارد قېتىمغا يېتىشقا ئاز قاپتۇ.

ئالما شىركىتى بۇ ئىشقا مەخسۇس پائالىيەت تەشكىللەپتۇ. چۈشۈرۈلۈش سانىغۇچىنىمۇ تور بېتىدە جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاپتۇ. چۈنكى بۇ سان، ئەلۋەتتە كىچىك سان ئەمەس. بۇ بەلكى ئالمىنىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيانقى چوڭ غەلبە مىۋىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئالما شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە 25 مىلياردىنجى قېتىم ئەپ چۈشۈرگەن ئاشۇ تەلەيلىك ئابونتقا، ئالما شىركىتى 10 مىڭ دوللارلىق App Store قىممەت تولۇقلاش كارتىسى سوۋغا قىلىدىكەن.

پائالىيەتنىڭ تەپسىلىي قائىدىلىرى ۋە سانىغۇچ ئەھۋالىنى ئورگان تور بېتىدىن كۆرۈڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/25-billion-app-countdown.html/feed 5
iPhone ئۈچۈن قولاي سكاننېر /good-scanner-for-iphone-scan-pages.html /good-scanner-for-iphone-scan-pages.html#comments Sat, 18 Feb 2012 06:15:52 +0000 پاسىبان /?p=3720 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
تەۋسىيە: ئىنكاس سىنايدىغان ئېسىل بىر ئويۇن

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

ئايفوننىڭ 9 ئاي ئىچىدە قانچىلىك سېتىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

كىچىك بالىلار ئۈچۈن يەنە بىر ئوماق ئويۇن

چوڭ تاللا بازىرىدىكى ياراملىق مال سېتىۋېلىش ياردەمچىسى
无觅 ]]>
iPhone ئۈچۈن قولاي سكەننىر

iPhone ىڭىزنى يۆتكىلىشچان سكەننىر قىلىۋالغۇڭىز بارمۇ؟ بەلكى بۇ ئەپ سىزگە ياردەم قىلالىشى مۇمكىن. Scan Pages ناملىق بۇ ئەپ ئارقىلىق بىز ماقالە، گرافىك، كىتاب-ژورنال ۋە مەھسۇلات كارتوچكىلىرى قاتارلىق ھەرخىل نەرسىلەرنى خۇددى سكاننېردە تەسۋىر ھاسىل قىلغانغا ئوخشاش ساقلاپ ئالالايدىكەنمىز.

بۇ ئەپ ئۆزىنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى ئارقىلىق سۈرەت بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزىمىز سۈرەتتىكى ئارتۇق نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلىغاندىن كىيىن يىغىپلا PDF ھالىتىگە ئەكىلىپ ساقلاپ بېرىدىكەن. ساقلىغان ھۆججەتلەرنى GoogleDocs, Evernote, Dropbox ۋە ياكى E-Mail ئارقىلىق ھەمبەھرلەنگىلى بولىدىكەن. Scan Pages نى ئىشلىتىش ئۈچۈن تىزىملىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. قوللىنىشچان بىر ئەپ بولۇپ، ساقلاپ قويۇپ ئىشلىتىشكە ئەرزىيدىكەن.

يەنە بىر تەۋسىيە شۇكى، بۇ ئەپ ياسىغۇچى شىركەت Ricoh Innovations نىڭ يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان رەسىم بىر تەرەپ قىلىش ۋە سكەننىرلەش خاراكتىرىدىكى بىرقانچە ئەپلىرى بار ئىكەن. باشقىلىرىمۇ ئوخشاشلا ھەقسىز بولۇپ، كۆرۈپ باقىدىغانلارغا ئادرىسىنى قالدۇراي.

ئەپ ئىسمى : Scan Pages

ساتقۇچى : Ricoh Innovations

تۈرى : قوللىنىشچان، فوتو-سۈرەت

چوڭلۇقى : 9.6 MB

باھاسى : ھەقسىز.

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى:

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/good-scanner-for-iphone-scan-pages.html/feed 3
iMessage ئاخىرى Mac سۇپىسىدىن ئورۇن ئالدى /imessage-available-on-mac-now.html /imessage-available-on-mac-now.html#comments Fri, 17 Feb 2012 08:37:23 +0000 پاسىبان /?p=3717 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

Mac ئىشلىتىۋاتقانلارغا كاتتا سوۋغا – بۈگۈن 10 خىل ئويۇن ھەقسىز!

شىر كەلدى!

Mac مۇھىتىدىكى يەنە بىر ئويۇن ھەقسىز (نىنجا توخۇلار)

GameLoft نىڭ ئويۇنلىرى پەقەتلا 6 يۈەن ($ 0.99)
无觅 ]]>
iMessage ئاخىرى Mac سۇپىسىدىن ئورۇن ئالدى

iMessage نىڭ iOS 5 تىكى يېڭى ئالاقە قورالى سۈپىتىدە iPhone, iPad ۋە iPod touch لار ئارىسىدا كۆپ قولايلىقلارنى ياراتقىنىنى يېڭى سېستىما قاچىلىغانلار بىلىشىدۇ. ئابونتلار iMessage ئارقىلىق ئۆز-ئارا ھەقسىز ئۇچۇر ئېۋەتىشەلەيدۇ. بۇ ئىقتىدار ئەمدىلىكتە Mac ئائىلىسىدە روياپقا چىقىپتۇ.

5.0 لىك سېستىمىدا iPhone دا تۇرۇپ قىسقا ئۇچۇر يازىدىغان جايغا كىرگەندىن كىيىن، iPhone ىڭىز تورغا ئۇلانغان ۋە Apple ID باغلانغان بولسا، قارشى تەرەپتىمۇ ئوخشاش شارائىت ھازىرلانغان بولسا iPhone دەسلەپتە iMessage ئارقىلىق ئۇچۇر ئىۋەتىدۇ. بۇ چاغدا «ئۇچۇر ئىۋەتىش» دېگەن خەتنىڭ رەڭگى كۆك رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.

ئەگەر سىز قىسقا ئۇچۇر يازىدىغان جايغا كىرىپ قارشى تەرەپنىڭ نومۇرىنى تاللاپ بولۇپ خەت يېزىشقا باشلىسىڭىزلا يېشىل رەڭلىك ئىۋەتىش كونۇپكىسى دەرھال كۆك رەڭگە ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ ئالاھىدە بىر ئۇسۇلدا قىسقا ئۇچۇر يوللاش شەكلىنى iMessage غا ئالماشتۇرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ پۈتۈنلەي ئاپتۇماتىك.

iMessage ئاخىرى Mac سۇپىسىدىن ئورۇن ئالدى

بىز بۇرۇن FaceTime نى چۈشەندۈرگەندە (بۇ ئۇلىنىشنى بېسىپ كۆرۈڭ) FaceTime نىڭ ھەرقايسى ئالما مەھسۇلاتلار ئارا ھەقسىز سۈرەتلىك پاراڭلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى سۆزلىگەن ئىدۇق. ئەمدىلىكتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ئالاقە قورالى سۈپىتىدە iMessage مۇ قوشۇلۇپتۇ. بىز خۇددى FaceTime غا ئوخشاش iMessage ئىقتىدارى (iOS 5.0 دىن باشلاپ بۇ ئىقتىدار قوشۇلغان) بولغان iPad, iPod touch, iPhone ۋە Mac كومپىيۇتېرلىرى ئارىسىدا بىمالال قىسقا ئۇچۇرغا ئوخشاش ھەقسىز پاراڭلىشالايدىغان بولدۇق.

Mac سېستىمىسىدىكى iMessage نىڭ ئىسمىنى ھازىرچە Messages دەپ ئاتايدىكەن. بۇ خۇددى بۇرۇنقى iChat بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ شۇنىڭ ئورنىنى ئالغانكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پەقەت iPad , iPhone لاردىكى iMessage نىڭ ئورنىنى ئېلىپلا قالماي خۇددى بۇرۇنقىدەك AIM, Yahoo! Messenger, Google Talk, Jabber accounts قاتارلىق پاراڭ قوراللىرىنىڭ ھەممىنى قوللايدۇ.

Mac سېستىمىسىدىكى Messages نۆۋەتتە Beta نۇسقىدا بولۇپ، ھېلىغىچە سىناق نۇسقىسىدا ئىكەن. بالدۇرراق سىناپ كۆرگۈسى بار دوستلارنىڭ سىناپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ. چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈدىغانلار ئالما ئورگان توربىتىدىن كۆرىۋالغاي.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/imessage-available-on-mac-now.html/feed 2
پولات قانداق تاۋلاندى : Jeep تارىخىغا نەزەر (ئالدىنقى قىسىم) /jeep-history-part-one.html /jeep-history-part-one.html#comments Sun, 12 Feb 2012 02:46:00 +0000 پاسىبان /?p=3694 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئەركەك ماشىنا – Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

كايەن ئۆزۈڭنى خان چاغلىما، لەمبورگىنىمۇ كەپقالاي دېدى …

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – چىقىرىش مىقدارى

2010-يىللىق 10 نادىر ئۇقۇم ماشىنىلىرى

يېڭى ئوقەت BMW X4 يەنە 2 يىلدىن كىيىن بازارغا سېلىنىدىكەن
无觅 ]]>
پولات قانداق تاۋلاندى : Jeep تارىخىغا نەزەر (ئالدىنقى قىسىم)

ئالدىنقى يازمىمىزدا جېپنىڭ ۋەكىللىك نادىر ئوغلانى – چارۋىچى بىلەن تونۇشقان ئىدۇق. جېپنىڭ دۇنيادىكى ھەممە ئادەم تونۇيدىغان مۇشۇ گەۋدىسى بىلەن پۈتكۈل دالا ماشىنىسى ئورتاق ھالدا «جېپ ماشىنا» دەپ ئاتىلىدۇ. تىپىك دالا ماشىنىسىنىڭ ۋەكىلى بولغان جېپنىڭ تارىخىغا خېلى كۆپ ئەركەكلەر قىزىقسا كېرەك. قېنى، بىرلىكتە ئۇلارنىڭ شانلىق تارىخىغا نەزەر سېلىپ كۆرەيلى.

jeep-history-01

ئالدى بىلەن بىز ساھارانى تونۇشتۇرغان يازمىمىزدىكى ئاشۇ ئابزاسنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتەيلى. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە دالا ماشىنىسىنىڭ يەنە بىر ئىسمى «جېپ ماشىنا» ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن، ماشىنىغا ئىلمىي نوقتىدىن چۈشىنىشكە تېرىشىدىغان ۋە قىزىقىدىغان سىز ۋە بىزدەك ياشلاردا شۇ ئۇقۇم ئېنىق بولۇپ كېتىشى كېرەككى، Jeep جېپ – دالا ماشىنىسى دېگەن مەنىدە ئەمەس، بەلكى يۇقىرى ئىقتىدارلىق دالا ماشىنىلىرىنى ياسايدىغان، ئەجدادى جەڭ ماشىنىلىرى بولغان، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى بىر ماركا خالاس. شۇڭا بىز Jeep جېپنى ماشىنا تۈرى دەپ ھېسابلىماستىن بىر خەلقئارالىق داڭلىق ماشىنا ماركىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالساق بولىدۇ. لېكىن، دالا ماشىنىسىنى «Jeep ماشىنا» دەپ ئاتىساقمۇ بولىۋېرىدۇ. چۈنكى نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا كۆپلەپ ئىشلىتىلىۋاتقان ۋە ياسىلىۋاتقان Jeep ماركىسىدىكى ماشىنىلارنىڭ ھەممىسى دالا ماشىنىسىدۇر. بىر ماشىنا تۈرىگە ئۆزىنىڭ ماركىسىنىڭ نامىنى سىڭدۈرىۋەتكەن بۇ شىركەتكە، سۆزىمىزنى باشلاشتىن بۇرۇن ھۆرمىتىمىزنى ۋە قايىللىقىمىزنى بىلدۈرىمىز!

پولات قانداق تاۋلاندى : Jeep تارىخىغا نەزەر (ئالدىنقى قىسىم)

ماركىغا ئېنىقلىما

Jeep – جەڭ مەيدانىدىكى جەسۇر جەڭچى، ئەجدادى جەڭ ماشىنىلىرى، نەچچە ئون يىللاردىن نادىر دالا ھالقىش روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، نۆۋەتتىكىدەك ھەممە كىشى ھەشەمەتكە يۈزلىنىۋاتقان دەۋردىمۇ ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ساقلاپ، ھەشەمەتخور دەۋرگە ماسلىشالىغان، ئېكىسپىدىتسىيەچىلەرنىڭ سادىق ھەمراھى بولغان ئېسىل بىر ماركا.

1939-يىلى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشى پارتىلىدى. ئامېرىكا ئاساسلىق ئۇرۇش قىلىش دۆلىتى بولغىنى ئۈچۈن، ئاسراش قولاي بولغان، دالا ئىقتىدارى، ھالقىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان، ئەپچىل ۋە قوللىنىشچانلىققا ئېگە كىچىك تىپتىكى تېز سۈرئەتلىك جەڭ ئاپتوموبىلىغا ئېھتىياجى چۈشىدۇ. ئىلگىرى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ بۇ تەتقىقات تۈرىگە ئامېرىكىدىكى كۆپلىگە ماشىنا ياساش كارخانىلىرى تەتقىق قىلىپ قاتنىشىدۇ. ئاخىرىدا ۋىللىس ( Willys-Overland ) نىڭ Willys MA تىپىدىكى ماشىنا تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىپ دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ جەڭگە ئىشلىتىشىگە تاللىنىدۇ. ئۇندىن كىيىن ۋىللىس ماشىنىنى ھەربىي تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە قايتىدىن ئۆزگەرتىپ چىقىدۇ. 1940-يىلى ۋىللىسنىڭ يېپيىڭى دالا ماشىنىسى دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. بۇ ماشىنا شۇنىڭدىن بۇيان Jeep نىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە دۇنياغا ئۆزىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. كىشىلەر قەلبىدە Jeep دېگەن بۇ نام ئاشۇ ۋاقىتتىپ كىيىن تۇرغۇزۇلۇشقا باشلايدۇ.

تۇنجى قېتىمقى Willys MA

Jeep ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدا رازۋېتكا، تەكشۈرۈش، ترانسپورت قاتارلىق ھەرخىل روللارغا قاتنىشىدۇ. Jeep نىڭ جەڭگاھتىكى قوللىنىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولغان. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدىلا جەمئىي 600 مىڭ دانە Jeep ۋە ئۇنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسقىلىرى جەڭگاھقا قاتنىشىپ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە قان تۆكۈشلەرگە شاھىد بولغان. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، كىشىلەر Jeep نىڭ ھېچقانداق بىر ماشىنىغا ئوخشىمايدىغان كەسپىي ئىقتىدارىنى، كۈچلۈك دالا ھالقىش ئىقتىدارىنى ئوچۇق تونۇپ يېتىشتى. شۇنىڭ بىلەن Jeep ناھايىتن تېز سۈرئەتتە كىشىلەرنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.

Jeep ئەسكەرلىكتىن قايتتى

جەڭدىن قايتقان Willys MB

ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشى ئاياغلىشىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ ياۋرۇپادىكى قىسىملىرى ئاستا-ئاستا چكىندۈرۈشكە باشلىدى. لېكىن، بىر قىسىم Jeep ياۋرۇپادا قالدى. يەرلىك كىشىلەر ئاشۇ Jeep نى ھەيدەشتىن خۇشاللىق ئىزدەپ، Jeep تىن پەخىرلىنىپ يۈرۈشتى. Jeep جەڭ ئاياغلاشقاندىن كىيىن مانا مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. Jeep نىڭ ھېچقانداق بىر ماشىنىغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قايتا قۇرۇشىغا ھەمراھ بولدى. كىشىلەر Jeep نىڭ ئېلىپ كەلگەن قوللىنىشچان ئىقتىدارىدىن، ناھايىتى كەڭ بولغان ئىشلىتىش دائىرىسىدىن سۆيۈندى. مۇشۇ سەۋەبلىك، Jeep كىشىلەرنىڭ سۆيۈپ ئىشلىتىدىغان ۋە پەخرلىنىدىغان تۇرمۇش قاتناش قورالىغا ئايلاندى.

پۇخرالار ئىشلىتىدىغان Willys MB

Jeep پۇخرالار ئارىسىغا كىردى

پۇخرالار ئىشلىتىدىغان Willys MB

1945-يىلى تۇنجى پۇخرالار ئىشلىتىدىغان Jeep نىڭ CJ-2A تىپلىقى دۇنياغا كۆز ئاچتى. تاشقى كۆرۈنىشى يەنىلا ئاشۇنداق قوپال بولسىمۇ، ھەربىي ماشىنىغا قارىغاندا ئالاھىدە راھەت ئىدى. 1948-يىلى ۋىللىس 6 سېلىندىرلىق ماتور ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماشىنا لايىھەلەپ ياساپ چىقتى. بۇ ماشىنا ھازىرقى دەۋردىكى چېروكى Cherokee 切诺基 نىڭ ئەجدادى ئىدى.

جېپنىڭ تۇنجى نادىر مەھسۇلاتى CJ-2Aجېپنىڭ تۇنجى نادىر مەھسۇلاتى CJ-2A

Jeep ماركىسى ھەقىقي تۈردە ئەنگە ئېلىندى

1950-يىلى Jeep ماركىسى ھەقىقىي تۈردە ئەنگە ئېلىندى. Willys-Overland شىركىتى رەسمىي تۈردە جېپ ماشىنىسىنى لايىھەلەپ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىش قەدىمىنى باشلاپ Jeep ماركىسىنى تىكلەشكە باشلىدى. 1953-يىلى ئامېرىكا كەيسىر Kaiser شىركىتى ۋىللىس ئوۋىرلەن Willy-Overland شىركىتىنى سېتىۋېلىپ، نامىنى Willys Motors قا ئۆزگەرتىپ Jeep ماشىنىلىرىنى داۋاملىق ئىشلەپچىقاردى.

Jeep نىڭ ھەشەمەت ماشىنىسى CJ-5

1954-يىلى Willys Motors شىركىتى جامائەتچىلىكنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن CJ-5 تىپلىق ماشىنىنى لايىھەلەپ ئىشلەپچىقاردى. بۇ ئىلگىرىكى CJ-2A ماشىنىسىنىڭ ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەنگەن نۇسقىسى بولۇپ، تېخىمۇ نەپىس ۋە قوللىنىشچان ئىدى.

Jeep نىڭ ھەشەمەت ماشىنىسى CJ-5

1962-يىلى Jeep ماركىسىغا تەۋە يېڭى ماشىنا – ۋاگونېر Jeep Wagoneer دۇنياغا كۆز ئاچتى. شۇنىڭدىن كىيىن پۇخرالار ئىشلىتىدىغان، تۆت چاق قوزغىلىدىغان، ئاپتۇماتىك كورۇپكا ئورۇنلاشقان، كۆپ ئىقتىدارلىق ۋە قوللىنىشچانلىققا ئېگە بولغان ماشىنا – كۆپ ئىقتىدارلىق سپورت ماشىنا SUV نىڭ ئۆلچىمى بوپقالدى. Jeep ماشىنا شۇ چاغلاردا سەپكە باش بولۇپ، ماشىنىنىڭ قاتناش قورالىدىن ئىبارەت بىر خىللا قوللىنىشچانلىقىدىن، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەم ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان تۇرمۇش ۋاستىسىغا ئايلانغان يېڭىچە بىر يولغا ئېلىپ ماڭدى. ئاشۇ چاغدا SUV دەۋرى باشلانغان ئىدى.

Jeep Wagoneer

1967-يىلى Jeepster Commando ماشىنىسى ئىشلەندى. بۇ ماشىنا قوش رەت ئورۇندۇقلۇق ۋە كىشىلەرنىڭ ئۈستى ئوچۇق ماشىنىغا ئېھتىياجى نەزەردە تۇتۇلۇپ ئۈستى ئوچۇق ئىككى خىل نۇسقىدا ياسالغان.

Jeep تارىخىغا نەزەر ناملىق يازمىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە داۋاملاشسۇن. داۋامىنى ئاللاھ نىسىپ قىلسا كېيىنكى يازمىمىزدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/jeep-history-part-one.html/feed 3
بالىلار ئۈچۈن يەنە بىر ياخشى ئەپ /nature-artist.html /nature-artist.html#comments Sat, 11 Feb 2012 09:04:19 +0000 پاسىبان /?p=3712 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
تەۋسىيە: ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ (7) – ARDefender

iPhone ئۈچۈن قولاي سكەننىر

ھېلىقى پەچەت ئەپ ئەمدى تېخىمۇ پەچەت بوپتۇ!

تەۋسىيە: رەسىم بىر تەرەپ قىلىش ئەپ توپلىمى

iPad بىلەن تېلىفون ئۇرغىڭىز بارمۇ؟ كېلىڭ ئەمىسە!
无觅 ]]>
nature-artist

iPad نى ئېلان قىلغۇچە قورقماي گەپ قىلىدىغان بىر گېپى بار. ئۇ بولسىمۇ iPad بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئېسىل بىر سوۋغا، ئېسىل بىر نەرسە. چۈنكى ئۇنىڭدا بالىلارنىڭ كاللىسىنى ئاچىدىغان، تەپەككۇرىنى ئويغىتىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئەپلەر بار. بۈگۈن قارىسام ماۋۇ ئەپمۇ دەل مۇشۇ تېمىغا ماسلىشىدىغان ئەپ ئىكەن.

بۇ ئەپتە ئالدىن بېرىلگەن ھەرخىل رەڭدىكى يوپۇرماق ۋە گۈل بەرگىلىرى بار بولۇپ، بالىلار ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىغا ئاساسلىنىپ شۇلاردىن ئۆزگىچە ھەر خىل رەسىملەرنى قوراشتۇرۇپ چىقىدىكەن.

بۇ ئەپتە 200 نەچچە خىل تەبىئەت شەيئىلىرىگە ئوخشىتىلغان گۈل بەرگى، يوپۇرماق، مىۋە-چىۋە قاتارلىق ماتىرىياللار ۋە 28 خىل تەگلىك رەسىمى تەمىنلەنگەن بولۇپ، بالىلار ئۆزىنىڭ مەيلىچە ئىنتايىن قولاي بىر شەكىلدە ئۇلارنى ئۆز-ئارا قوراشتۇرۇپ ھەرخىل نەرسىلەرنى ھاسىل قىلالايدۇ.

بېرىلگەن نەرسىلەرنىڭ چوڭلۇقىنى، بۇلۇڭىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنىڭ خاھىشىمىز بويىچە ئىشلىتىش ئەمەلگە ئاشقان. ياساپ چىققان نەرسىنى ساقلاپ بولغاندىن كىيىنمۇ يەنە تەھرىرلىگىلى بولىدىكەن. ياساپ بولۇپ، قورال ستوتىنىنى يوشۇرۇپ قويۇپ، ياسىغان ئەسەرگە نەزەر سېلىشقا بولىدىكەن.

بۇ ئەپنى ئىنچىكىلەپ چۈشۈنۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سىنغا نەزەر سېلىڭ.

بۇ ئەپ iPad ئۈچۈن ئىشلەنگەن. بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز بولۇپ، iPad ئېگىلىرى بالىلىرى ۋە ئۇكىلىرى ئۈچۈن بىر چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويىدىغان ئەپ ئىكەن.

ئەپ ئىسمى : 自然艺术家

ساتقۇچى : Angell Echo

تۈرى : فوتو-سۈرەت

چوڭلۇقى : 39.5 MB

باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز.

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى:

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/nature-artist.html/feed 1
ئەركەك ماشىنا – Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش /great-suv-jeep-wrangler-sahara.html /great-suv-jeep-wrangler-sahara.html#comments Fri, 10 Feb 2012 10:43:00 +0000 پاسىبان /?p=3691 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
پولات قانداق تاۋلاندى : Jeep تارىخىغا نەزەر (ئالدىنقى قىسىم)

كايەن ئۆزۈڭنى خان چاغلىما، لەمبورگىنىمۇ كەپقالاي دېدى …

كىچىك ئائىلىلەر ئۈچۈن دەسلەپكى تاللاش – چېۋرولېت LOVA (داۋامى)

تەۋسىيە: ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ (7) – ARDefender

iPhone نىڭ ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇش WinterBoard نىڭ پاتېنتى ئەمەس
无觅 ]]>
ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن دالا ماشىنىسىنى «جېپ ماشىنا» ياكى 吉普车 دەپ ئاتاشقىنىنى ئاڭلايمىز. Jeep ئۆزىنىڭ باشتىن-ئاخىر ساقلىغان خاسلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن شۇ قەدەر ئورۇن ئالالىغانكى، پۈتۈن بىر ماشىنا تۈرىنى ئۆزىنىڭ ماركىسى بىلەن ئاتايدىغان قىلىۋەتكەن.

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

شۇنداق، جېپنىڭ بۇ غەلبىسىنى بىز ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. سىز پىكاپ شەكلىدىكى ماشىنىنى «بېنز ماشىنا» ، «باۋما ماشىنا» دەپ ئاتاشقىنىنى ئاڭلىغانمۇ؟ MPV تۈرىدىكى ماشىنىنى پرېۋىيا ماشىنا، ئوۋديەسسىي ماشىنا دېگىنىنىچۇ؟ چاپقۇر شەكلىدىكى ماشىنىنى «لەمبورگىنى ماشىنا» ، «فەرارى ماشىنا» دەپچۇ؟ مېنىڭچە ئەسلا ئاڭلاپ باقمىغانغۇ دەيمەن. مېنىڭچە بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئاڭلىمايمىز. لېكىن، دالا ماشىنىسىنى بۇرۇن، ھازىر ۋە بۇدىن كىيىنمۇ «جېپ ماشىنا» دەپ ئاڭلاۋېرىشىمىز مۇمكىن. بۇنى بىز جېپنىڭ غەلبىسى دېمەي تۇرالامدۇق؟

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

بىزنىڭ كاللىمىزدا ئېنىق بولىشى كېرەك بولغان بىر نوقتا شۇكى، جېپ ماشىنىنىڭ تۈرى ئەمەس بەلكى بىر ماركا. جېپ Jeep ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ماركا بولۇپ، ئاساسلىق يۇقىرى ئىقتىدارلىق كۈچلۈك دالا ئىقتىدارىغا ئېگە ئۇنىۋېرسال ئاپتوموبىل ياسايدىغان شىركەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ماشىنىنىڭ ماركىسى دەپ  بىلىشىمىز، لېكىن ماشىنىنىڭ تۈرى دەپ بىلمەسلىكىمىز كېرەكلىكىنى بىلىۋالساقلا كۇپايە. مەن جېپ شىركىتىگە بولغان ھۆرمىتىم، بولۇپمۇ ماۋۇ چارۋىچى ساھاراغا بولغان ھۆرمىتىم بىلەن دالا ماشىنىسىنى «جېپ ماشىنا» دەپ ئاتىغۇچىلارنى ئۇنداق ئاتىماسلىققا تەۋسىيە قىلمايمەن. ھەتتا بۇ خىل ئاتاشنىڭمۇ خاتا ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن.

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

جەسۇر SUV نىڭ تىپىك ئوبرازى بولۇشقا تېگىشلىك ماشىنىغا قايسى ماشىنىنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىمىز؟ جەڭ قەھرىمانى Willys MB نىڭ پۇشتى ، ئادەمگە ئىشەنچ ۋە جەسۇرلۇق ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئەزىمەت Jeep Wrangler جېپ چارۋىچى 吉普牧马人 نى چوقۇم نامزات قىلىپ كۆرسىتىش لازىمغۇ دەيمەن؟ نۆۋەتتە چارۋىچىنىڭ 2012 يىللىق پەچەت نۇسقىسى بازارغا سېلىندى.

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

2012-يىللىق ساھارا (چارۋىچىنىڭ ئىككى نۇسقىسى بار. بىرى رۇبىكان، يەنە بىرى ساھارا) ئىلگىرىكى نۇسقىسىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. ئۇ يەنىلا پىشقان ۋە تەجرىبىلىك SUV . ساھارادا ھېلىھەم ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن ئۆزىدىن خېلىلا قىممەت، خېلىلا بەستلىك SUV لارنى دالا ئىقتىدارى تۈپەيلى يىراق-يىراقلارغا تاشلاپ ماڭالايدىغان ئالاھېدىلىك ئۆزگەرگىنى يوق!

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇشئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇشبۇ ماشىنىنىڭ لايىھەسىدە نۇرغۇن كلاسسىك ئېلىمېنتلار داۋام ئېتىشى كېرەك. بۇ جېپنىڭ خاسلىقى. بۇ جېپنىڭ ئۆزگىچىلىكى. بەلكى مۇشۇنداق خاسلىقىنى جېنىدىن ئېزىز كۆرۈپ كېلىش بەلكى جېپنى بۈگۈنگە شۇ قەدەر ئۇتۇقلار بىلەن باشلاپ كېلەلىگەن نەرسە بولسا كېرەك!
ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

بۇ ماشىنا گەرچە 2012 – يىلىغا تەۋە لايىھە بولسىمۇ، ئۆزىدە يەنىلا 30-يىللاردىكى جېپ پۇرىقى، ئەجدادىنىڭ ئىزنالىرىنى مانا مەن دەپ نامايەن قىلغان بىر شەكىلدە لايىھەلەنگەن ئىدى. بۇنىڭ لايىھەسىدىن ھەم كلاسسىكلىكنى، ھەم ھەشەمەتلىكنى، ھەم تەمكىنلىكنى كۆرىۋېلىش مۇمكىن ئىدى.

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

چاپ-چاسا ماشىنا كابېنكىسى، ئاددىي، لېكىن تەمكىن، ئېغىر بېسىقلىق چىقىپ تۇرىدىغان سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى، كەڭ ۋە يوغان ئالدى لىم (保险杠) ، ئوڭغۇل-دوڭغۇل گۈللىرى بولغان چاق … مانا بۇلاردىن ساپ جېپ ئۇسلۇبى پۇراپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

ئىچكى بېزىلىش – ساھارانىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا جېپنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان جايى ئەمەس. لېكىن بۇنداق ئېيتىش، ئىچكى بېزىلىشكە ئېتىۋار بەرمىسىمۇ بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. يۇقارقى ئىككى پارچە رەسىمدىن جېپنىڭمۇ مۇشۇ كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالماق قىيىن ئەمەس.

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

جېپنىڭ لايىھەسىدە بارلىق دىققەت نەزىرىنى دالا كېزىش ۋە شۇنىڭغا كېتەرلىك دىققەتنى بىر جايغا يىغىشقا ئېتىۋار بېرىپ لايىھەلىگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ھەيدىگۈچىمۇ مۇشۇ نوقتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، شۇنىڭغا ماسلىشالىسا ساھارانى لايىھەلىگەن كىشىنىڭ ئاندىن ھاردۇقى چىقىدىغۇ دەيمەن…

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

2012 يىل نۇسقىسىدىكى چارۋىچىغا Pentastar V6 تىپلىق 3.6 لېتىرلىق پۈتۈن ئاليۇمىن ماتور، يانداشتۇرۇپ 5 خوتلۇق ئاپتۇماتىك ۋە قول خوت سەپلەنگەن كورۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يېڭى نۇسقىسىدا چىقىرىش مىقدارى بىلەن ئات كۈچى بىر يەرگە كەلمەسلىكتەك كەمچىللىك تۈزىتىلىپتۇدەك. يېڭى V6 3.6 L لىك ماتورنىڭ ئات كۈچى 284 ئىكەن. 6350 دىكى تولغىما كۈچ مومېنتى 347 نىيۇتون.مېتىرغا يېتىدىكەن.

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

جېپ بىلەن، بولۇپمۇ چارۋىچى بىلەن نەچچە يىللىق مېھرى-مۇھەببىتى بار، مۇناسىۋىتى قويۇق كىشىلەرنىڭ شۇنداق بىر ئېغىز گېپى بار. «ئەگەر چارۋىچى سېنى سەن بارماقچى بولغان جايغىمۇ باشلاپ بارالمىسا، ئەڭ ياخشىسى بارىدىغان جايىڭنى تۈزۈكرەك ئويلىشىپ كۆر.»  بۇ جۈملىدە ماشىنا بارالمىسا ماشىنىنى ئالماشتۇر دېمەي بىزگە بارماقچى بولغان جايىمىزدا مەسىلە بارلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. بۇ جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ساھاراغا نە قەدەر ئىشەنچ قىلىدىغانلىقنى كۆرىۋالغىلى بولامدۇ قانداق؟

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

جېپ Wrangler نىڭ ئۆزىگە خاس تېخنىكىسى بولغان Rock-Trac سېستىمىسى تېز سۈرئەتلىك ئارقا چاق قوزغىلىش (2H) ، تېز سۈرئەتلىك 4 چاق قوزغىلىش (4H) ، ئاستا سۈرئەتلىك 4 چاق قوزغىلىشتىن ئىبارەت 3 خىل قوزغىلىش شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شوپۇر يول ئەھۋالىغا ئاساسەن خالىغان خوتقا ئالماشتۇرۇپ ماڭساق بولىدۇ.

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

ئادەتتىكى يولدا 2H خوتقا سېلىپ ماڭغىنىمىزدا ماشىنا ئۆزىگە يارىشا ماي تىجەش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. بۇنىڭدا قاتتىق يول سېزىمى بولمايدۇ. چارۋىچىنىڭ نورمال يولدىكى سىزگە بەرگەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بەلكى يەنە بىر ماشىنا سىزگە بېرەلمەسلىكى مۇمكىن.

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

ناچار يول شارائىتىغا ۋەياكى يۇقىرى دالا ئىقتىدارى تەلەپ قىلىدىغان شارائىتقا يولۇققاندا ماس ھالدىكى 4L ياكى 4H خوتىنى تاللاپ ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كاردان قۇلۇپلىنىدۇ. ماتورنىڭ تولغىنىش مومېنتى 4 ھەسسە چوڭايتىلىپ ئارقا چاققا ئۇزىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماشىنا ناھايىتى ئاستا سۈرئەتتە، ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

قول خوتلۇق ساھاراغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تولغىنىش مومېنتىنى ئۆزىمىز خالىغان بىر شەكىلدە كونترول قىلىپ رەسىمدىكىدەك يوغان قىيا تاشلارغا قىينالمايلا ئېلىپ چىقالايمىز. بۇ ۋاقىتتا قول تورموز ياكى ماي بىلەن ئىشىمىز بولماي، پەقەت مۇفتا (ئايرىغۇچ) ئارقىلىقلا كونترول قىلىپ ماتورنىڭ ئۆزىنىڭ نورمال ئايلىنىش سۈرئېتىگە تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كەتكىلىمۇ بولىدۇ.

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

قىيا تاشلىق يوللاردا ئالدى چاق ھەرخىل توسالغۇ ۋە زەربىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. لېكىن بۇنى ساھارانىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى دالا ئىقتىدارى غايىپ قىلىۋېتەلەيدۇ. بۇنداق زەربىلەرنى ساھارا پەقەت بۇرۇلۇش سېستىمىسى ئارقىلىقلا بىر تەرەپ قىلىۋېتەلەيدۇ. ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئادەتتە ھەيدىۋالىدىغان ماشىنىلىرىمىزدىكىدەك رولغا تەسىر قىلمايدۇ (ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا مېڭىپ باققان شوپۇرلار بۇ خىل ئەھۋالغا چوقۇم يولۇققان. ساھارادا بۇنداق ئەھۋال يوق).

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

ساھاراغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ماشىنىنىڭ چىدامچانلىقى، تۆمۈر قۇرۇلمىسىنىڭ پىششىقلىقى ناھايىتىمۇ مۇھىم بىر ھالقا. بۇ بىۋاستە بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ساھارانى داۋاملىق تۈپتۈز شەھەر كوچىلىرىدا ھەيدەپ يۈرىشىمىزمۇ ناتايىن. يۇقارقىدەك ناچار شارائىتتىكى دالىغا چىققاندا ھەرخىل توسالغۇ جىسىملارنىڭ ئاستى تەرەپتىن ئېتىلىپ چىقىپ ياكى سۈرۈلۈپ كېلىپ ماي باكىغا ، كاردانغا ۋە شۇنىڭدەك نازۇك جايلارغا تېگىپ كېتىش، تېشىۋېتىش خەۋپى بولىدۇ. ساھارانىڭ قۇرۇلمىسى مانا مۇشۇنداق يۇقىرى تەلەپلەرنى قويۇپ لايىھەلەنگەن ۋە شۇنداق ياسالغان.

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

2012 يىل نۇسقىسىدىكى چارۋىچى ساھارا مۇكەممەل دالا ماشىنىسى (SUV) بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئېكىسپېدىتسىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سىزنى سىز كۆرۈپ باقمىغان گۈزەل جايلارغا، ئاللاھنىڭ قۇدرەتلىرىگە پاكىت بولىدىغان ئېسىل يەرلەرگە، تاڭ سەھەردىكى شەپەقكە ئېلىپ بارالايدۇ. بۈگۈن بىز دالا ماشىنا ساھەسىدىكى داڭدار شەخس – جېپ چارۋىچى Jeep Wrangler بىلەن مۇشۇ يەرگىچە تونۇشۇپ چىقايلى. كىيىنكى يازمىمىزدا ھەممىمىز بىلىدىغان Jeep ماركىسىنىڭ تارىخى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز، ئىنشا ئاللاھ!

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/great-suv-jeep-wrangler-sahara.html/feed 5
كىچىك بالىلار ئۈچۈن يەنە بىر ئوماق ئويۇن /fun-app-for-childs-the-moogies.html /fun-app-for-childs-the-moogies.html#comments Thu, 09 Feb 2012 05:35:05 +0000 پاسىبان /?p=3698 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iPhone ئۈچۈن قولاي سكەننىر

كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى ئوماق ئويۇن – تۈگمە كېسىش

تەۋسىيە: ئىنكاس سىنايدىغان ئېسىل بىر ئويۇن

تۈرمىدىن قاچۇرمايمۇ تېلفۇن ئۇرۇشنى قولاي قىلغىلى بولىدۇ

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ
无觅 ]]>
 چىللىنگو دېگەن ئىسىم كونا iPhone چىلارغا ناتونۇش بولمىسا كېرەك. ئارغامچا كېسىش Cut The Rope ئويۇنى دەل مۇشۇ شىركەتنىڭ نادىر مەھسۇلاتى. ئۇلار ئەمدى بالىلار مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلگىلى تۇرۇپتۇدەك. ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئۇلار ئەمدى بالىلارنىڭ پۇلىنى تاپقىلى تۇرۇپتۇدەك … بۇ ئويۇن بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىلىپتۇ. ئۆيىدە كىچىك بالىلار بار دوستلار بوپقالسا چۈشۈرۈپ قويسا بولغۇدەك.

 

ئويۇندا باشتىن – ئاخىر قىزىقارلىق كۆرۈنۈشلەر ئاساسلىق مەزمۇن قىلىغان بولۇپ، ھەرخىل نەرسىلەرنى بېسىپ ھەرخىل قىزىقارلىق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ ئويۇننى كىچىكلەر ئەمەس چوڭلارمۇ ياقتۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئويناش ئۇنچە قىيىنمۇ ئەمەس، كىچىك دوستلار بىر ئويناپلا كىرىشىپ كېتەلەيدۇ.

ئۇنىمۇ قويۇپ، بۇنىمۇ قويۇپ نەخ گەپكە كەلسەك، بۇ ئويۇننىڭ ئورگان تەرەپ چۈشەندۈرگەن فىلىمىنى بىر كۆرەيلى. ماۋۇ سىننى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كېتىپتىمەن. (يورۇق نوقتىسى 55 سېكونتلۇق يېرى)

ئارتۇق سۆزنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. قالغىنىنى چۈشۈرۈپلا كۆرگەيسىز. بۇ ئەپتىن 2~3 تال رەسىم كۆرۈپ باقايلى.

ئەپ ئىسمى : The Moogies

ساتقۇچى : Chillingo Ltd

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 215 MB

باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز.

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى:

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/fun-app-for-childs-the-moogies.html/feed 4
كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى ئوماق ئويۇن – تۈگمە كېسىش /cut-the-buttons.html /cut-the-buttons.html#comments Tue, 07 Feb 2012 10:51:06 +0000 پاسىبان /?p=3687 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iPhone ئۈچۈن قولاي سكەننىر

كىچىك بالىلار ئۈچۈن يەنە بىر ئوماق ئويۇن

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

تەۋسىيە: ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ (7) – ARDefender

iPhone 4S ۋە iPad 2 لەر تۈرمىدىن قاچتى!
无觅 ]]>
كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى ئوماق ئويۇن - تۈگمە كېسىش

تۈگمە كېسىش دېگەن بۇ ئويۇن ئىلگىرى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشى ۋە ئېلان قىلىپ تەشۋىق قىلىشىغا ئېرىشكەن نادىر ئويۇن ئىكەنتۇق. بۇ ئوماق ئويۇن – بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز ئىكەن. سىزگە لازىممۇ؟

Cut The Buttons ناملىق بۇ ئويۇننى ھەقىقىي كۆپ نوقتىلىق سېزىمچان ئېكران ئويۇنى دېيىشكە بولىدىغان بىر ئويۇن. چۈنكى بۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن چوقۇم ئۈچ بارمىقىمىزنى ئىشلەتمەي قالمايمىز.

ئويۇندا بىر پارچە رەختكە قادالغان 5~6 تال تۈگمىنى قايچا ئارقىلىق كېسىپ تاشلاپ ئاستىدىكى چىلەككە تاشلاپ تۇتىۋالىمىز. كەسكەن ۋە تۇتىۋالغان تۈگمىنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا ئېرىشىدىغان نومۇرمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

ئويۇندا ئىلاجنىڭ بېرىچە بىرلا قايچىدا بىرقانچە تۈگمىنى بىراقلا كېسىۋەتكىنىمىز ياخشى ئىكەن. بىراقلا 3 تىن ئارتۇق تۈگمىنى كېسىپ تاشلىساق ئالاھىدە نومۇرغا ئېرىشىدىكەنمىز. لېكىن، مىخلاپ قويغان تۈگمىلەر بولۇپ، ئۇنىڭغا تەگمەي ئۆتۈپ كېتىدىكەنمىز.

ئويۇننىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى سىندىن بىر كۆرۈپ چىقايلى. ياراپ قالسا بىكارغا چۈشۈرىۋالارسىز…

بۇ ئەپ پەقەت iPhone ۋە iPod touch قا لايىھەلەنگەن ئىكەن. ئۇنىۋېرسال بوپكەتكەن بولسا iPad تە پەچەت ئوينايدىغان ئويۇننىڭ بىرى بولاتتىكەن. شۇنداق بولسىمۇ ھازىرچە iPhone / iPod touch نۇسقىسىنى ئوينىغاچ تۇرايلى.

ئەپ ئىسمى : Cut the Buttons

ساتقۇچى : Open Name LTD.

تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش

چوڭلۇقى : 16.2 MB

باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز

تولۇق نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى :

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/cut-the-buttons.html/feed 3