خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن سىرتقا چىقىپ سۈرەتكە تارتمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن، بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ بىر-ئىككى پارچە سۈرەتكە تارتقۇم كېلىپ قالدى. داۋاملىق زاتۋور بېسىلىپ تۇرمىسا ئادەمنىڭ قولىمۇ قېتىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. تازا قاملاشمىسىمۇ يوللاۋەردىم. ھېس قىلغانلىرىڭلارنى كۆرسەتسەڭلار تەڭ ئۆگىنەرمىز!

داۋامىنى ئوقۇش »

ھازىر iPhone كىشلەر تۇرمۇشىغا كۆپلەپ سىڭىپ كىرىپ، جەمئيەتتە ئالما قىزغىنلىقى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىلىۋاتىدۇ. ئوغرى-قاراقچىلارمۇ جەمئىيەتكە ماسلىشىشى كېرەكتە؟ :lol: ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەيدە شۇنداق ئىشتىن بىرى يۈز بېرىپتۇدەك.  iPhone 4 مودا بولۇپ ھەممە ئوتتەك قىززىۋاتقان ياخشى «پەيت» نى تاللىغان «ئۆمۈچۈك پالۋان» يېقىندا قانۇن تورىغا چۈشۈپتۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

جېكسون ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ناخشىچى بولسا كېرەك. بۇنداق سەنئەتكاردىن يەنە بىرسى چىقامدۇ يوق بىلمىدىم. جېكسوننىڭ ئۆزىگە خاس تىكلىگەن ئوبرازى يەنە خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە كىشىلەر قەلبىدە تىكلىنىپ تۇرىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق خاسلىقى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى دوراشقا ۋە شۇنىڭدەك بولۇشقا تىرىشىپ باقىدىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

2-دۇنيا ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن بۇ فىلىمدە كىچىك قىز لۇسىي مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويناۋېتىپ باشقا بىر غايىۋانە بىر دۇنيانىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاكا-ھەدىلىرىمۇ كىرىدۇ. گۈزەل نانىيا دۆلىتىگە پادىشاھ بولىۋالغان ئايال پېرخوننى تۆتەيلەن ئادىل پادىشاھ ئارسلاننىڭ ياردىمىدە ئاغدۇرۇپ تاشلاپ نانىيالىقلارغا قايتىدىن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

كىسەللىك سەۋەبىدىن ئارام ئېلىۋاتقان ستىۋ جوبس ئاندى-ساندا پەيدا بولغاندىن باشقا چاغدا كىشىلەر ئۇنى تولىمۇ ئاز ئۇچرىتىدىغان بوپ كېتىشتى. لېكىن بۇ كىشى يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلمىسا بىر يەرلىرى كامدەك ھېس قىلىدىكەن ئادەم. يېقىندا توردا بىر سىن تارقىلىپ يۈرۈپتۇدەك. بۇ قارىماققا يېڭى مەھسۇلات – ئايفون 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمىغا رەپېتىس قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشتەك قىلاتتى. شۇمۇ ئەمەس ئۆزىڭىز بىر كۆرۈپ باھا بېرىپ باقمامسىز؟

داۋامىنى ئوقۇش »

شارقىراتما ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان تەبىئەتتىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنىڭ بىرى. دۇنيادا بەلكى شاقىراتما مەنزىرىسىنى ياقتۇرمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. مۇشۇ ۋاقىتقىچە مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن يۈرەكنى يايراتقۇدەك شارقىراتما كۆرۈپ باقماپتىمەن. تۆۋەندە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شاقىراتمىلاردىن بىرقانچىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. ئاللاھ ئۆز كۆزىمىز بىلەن بېرىپ كۆرۈشكە نىسىپ قىلغۇچە تونۇشقاچ تۇرايلى.

داۋامىنى ئوقۇش »

ستىۋ جوبسنىڭ كىسەل ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئەگەشكۈچىلىرى بۇ كىشى توغرىسىدىكى ھەرقانداق خەۋەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۈگۈن 56 ياشلىق ستىۋ جوبس ئالما باش شىركىتىدە پەيدا بوپتۇدەك. بۇ ئۇنىڭ قىزىققۇچىلىرى ئۈچۈن خۇشخەۋەر بولسا كېرەك.

داۋامىنى ئوقۇش »

Marina Bay Sands مېھمانخانىسى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت مىھمانخانىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قېيىق شەكىللىك مۇئەللەق باغچا قۇرۇلمىسىنى 55 قەۋەتلىك 3 «تۈۋرۈك» كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ مۇئەللەق باغچىنىڭ كۆلىمى 1 گېكتار بولۇپ، ئاستىدىكى 3 «تۈۋرۈك» ئارقىلىق بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈستىدە ناھايىتى گۈزەل ۋە نەپس بېزەلگەن گۈللۈك، رېستۇرانلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇ مۇئەللەقكە كۆلچەك ياساپمۇ ئۈلگۈرۈشكەن… بۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ سېنگاپور شەھىرىنى 360 گرادۇسلۇق ھالەتتە كۆرگىلى بولىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش