يېقىندىن بۇيان بلوگ بەكلا تاشلىنىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ يوقلاپ تۇرغان دوسلار ئالدىدا خىجىلمەن. يازىدىغانغا تېما بەكلا كۆپ. لېكىن ۋاقىت چىقماي قېلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا ئالمىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ يېڭىلىقلار يۈز بەردى. بۇنى ئەسلى كۆپچىلىك بىلەن ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش ئويۇم بولسىمۇ ئىمكان بولماي قالدى. بۈگۈن 2 ئېغىز سۆزلەپ باقاي.

داۋامىنى ئوقۇش »

ياپونلارنىڭ بويى پاكار بولىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنىڭ تېخنىكىسى دۇنيادا ھەقىقەتەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ماشىنا ئادەم ياساشتا ئۇلار غوللۇق تېخنىكىغا ئېگە. بۇ كەشپىياتى تولىمۇ ئۆزگىچە ئىكەن. دەسلەپ كۆرگەن كىشى ئاغزىنى ئېچىپ قالغۇدەك.

داۋامىنى ئوقۇش »

iPhone نىڭ 1- ۋە 2-ئەۋلاد نۇسقىسىنىڭ ياڭراتقۇسى بەكلا ئاجىز ئىدى. 3-ئەۋلاد ئايفوندا ئاۋازى خېلىلا كۈچەيدى. 4-سىدە تېخىمۇ شۇنداق. لېكىن بۇ يەنىلا يەتمەيدۇدە. بۇ ئالما شىركىتىنىڭ iPhone نىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىشقا قۇربىتىنىڭ يەتمىگەنلىكى ئەمەس. ئەلۋەتتە باتارىيەنىڭ ئۇزۇنغا يېتىشىنى ئويلىشىش مۇھىم. بۇ نوقتىنى ئويلاپ يەتكەن ئەقىللىق كىشىلەر iBamboo Speaker دەيدىغان يېشىل «كاناي» ياساپ چىقىپتۇ…

داۋامىنى ئوقۇش »

iPhone نىڭ بىز بىلمەيدىغان، ئاڭلاپ باقمىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى ۋە قوللىنىشچانلىقى بار. بىز تېخى بۇنىڭ ناھايىتىمۇ ئاز بىرقىسمىنى ئاڭلىغان ۋە ئىشلىتىۋاتقان بولىشمىز مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە خەنلەر تاماق قۇتىسىنىڭ ئاغزىغا iPhone نى باغلاپ NFS 14 ئويۇنىدىكى بۇگاتىنى چاپتۇرغىلى تۇرۇپتۇ…

داۋامىنى ئوقۇش »

WWDC 2011 يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ئالمىدا يېڭىلىقلار خېلى كۆپ بولىۋاتىدۇ. خەۋەرلەردە 5-ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئىسمىنىڭ iPhone 4S دەپ بېكىتىلىپ بولغىنىنى ئېيتىشىۋاتىدۇ. شۇڭا سىرتقى كۆرىنىشى خۇددى iPhone 3G بىلەن 3GS  ئوخشىغاندەك iPhone 4 بىلەن 4S نىڭمۇ ئوخشايدىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

iOS مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان  ئۈسكۈنىەرنى قىسقارتىپ iDevice دەپ ئاتايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان iDevice كىشىلەرنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن سېتىۋالىدىغان نەرسىلىرىگە ئايلاندى. ئامېرىكا ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرىنى iDevice قا ئالماشتۇرغۇدەك.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان فۇشىكاڭنىڭ چىڭدۇدىكى زاۋۇتىدا 20-ماي كەچ سائەت 7 ئەتراپىدا پارتىلاش يۈز بەردى. پارتىلاشتا 2 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 3 يارىدارنىڭ يارىسى ئېغىر. پارتىلاش يۈز بەرگەن ئورۇن دەل iPad 2 نىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا دەرسىنى تۇنجى ئاڭلىغان ۋاقتىمدىن باشلاپ بۇ پەنگە شۇنداق ئىشتىياق بىلەن قىزىقىپ كەتكەن ئېدىم. ئۆزۈمچە ئۇنىڭغا بۇنى چېتىپ، بۇنىڭغا ئۇنى باغلاپ بىر نەرسىلەرنى لايىھەلەپ كېتەتتىم. ماگىنىتنى قەلەمتراشقا سۈركەپ قەلەم قۇتىسىدىن چۈشۈپ قالمايدىغانمۇ قىلىۋالغان. شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ خېمىر ماگىنىتنى ھېندىستانلىقلار يىلاننى ئۇسۇلغا سېلىۋەتكەندەك ئوينىتىۋەتتى.

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش