پاسىبان كۇلۇبى » ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! /heyt-mubarek.html /heyt-mubarek.html#comments Mon, 07 Nov 2011 08:12:45 +0000 پاسىبان /%d8%a6%db%87%d9%84%db%87%d8%ba-%d9%82%db%87%d8%b1%d8%a8%d8%a7%d9%86-%da%be%db%90%d9%8a%d8%aa%d9%89%da%ad%d9%84%d8%a7%d8%b1%d8%ba%d8%a7-%d9%85%db%87%d8%a8%d8%a7%d8%b1%db%95%d9%83-%d8%a8%d9%88%d9%84.html بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى

بىر چاغلاردا بىز ئاشىق بولغان SONY ئويۇنى TEKKEN3

ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق

NFS نى ئوينىسىڭىز بوپتۇ، لېكىن ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەدبىقلمىغان ياخشى ئىدى…
无觅 ]]>
قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! قۇربان ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولسۇن! ئاتا-ئانا، بالا-چاقىلىرىڭلار بىلەن بىرگە بولالىغىنىڭلارغا ھېيت تېخىمۇ يارىشىپ، شاد-خۇراملىق خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكەي. ئۆزگە يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ يۈرگەنلەرگە ئاللاھتىن تېخىمۇ كۆپ ئەجىر تىلەيمەن. سىلەرگە مەندىن چوڭقۇر سالام بولسۇن! ھېيتنى خۇشال-خۇراملىق، شادلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەيسىلەر. ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك! :)

قۇربان ھېيتلىق سوۋغىنى بۇ يازمىدىن كۆرگەيسىز.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/heyt-mubarek.html/feed 6
دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم – ئالما دەۋرى /apple-age-movie.html /apple-age-movie.html#comments Wed, 02 Nov 2011 13:51:47 +0000 پاسىبان /?p=3255 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

SAMSUNG 9 بىلەن MacBook Air نىڭ سېلىشتۇرما جېڭى

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى

ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟
无觅 ]]>
apple-age-movie-01

پۈتۈن دۇنيادا يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ئالما تېلىفونى iPhone ئىنتايىن دەۋر سۈرۈپ كەتتى. بۇ تېلىفوننىڭ تەرەققىياتى، بازار تېپىشى، مودا بولىشى … ئىشقىلىپ ھەممە نېمىسى ئىنتايىن تېز بولىۋاتىدۇ. بەزىلەر مۇشۇ تېلىفوننى دەپ بەزىلەر بۆرىكىنىمۇ سېتىشتى. بەزىلەر يېڭى نۇسقىسىنى ساقلاش ئۈچۈن چىدىر تىكىپ ئايلار ساقلاشتى … ئىشقىلىپ، جوبس باشلىغان ئالما دەۋرى بىز ياشاۋاتقان دەۋرلەردە يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى …

iPhone نىڭ ئويۇنلىرى، قىزىقارلىق، قوللىنىشچان ئەپلىرى App Store دا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك، iPhone بولغانلىقى ئۈچۈن بىكار قالغان ۋاقىتتا ئانچە-مۇنچە ئويۇن ئويناپ SONY PlayStation دەك ئويۇنچۇقلارغا ئېھتىياجىمىزمۇ چۈشمەي قېلىۋاتىدۇ. ئەتىگەن ئاخشاملاردا ھەرخىل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئەپلىرى ئارقىلىق خەۋەر كۆرگىلى، مىكرو بلوگ ئەپلىرى ئارقىلىق بىكار قالغاندا بلوگ كۆرگىلى بولغانلىقتىن، سىرتقا چىققاندا بىزگە ئوبدانلا ھەمراھ بولىدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

مۇشۇنداق بىر قىزغىنلىق، مودا ۋە تەلپۈنۈش – دۆلىتىمىز رېژىسسورلىرىنى ئېلھامغا كەلتۈرۈپتۇ. رېژىسسور مۇشۇ دەۋردىكى قاتناشقۇچى بولمىش BrainWashed Fan لەرنىڭ ھېسسىياتى، پىسخىكىسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى خېلى كۈزەتكەندەك قىلىدۇ. بۇ فىلىم بىزنى بۇ كىچىككىنە تېخنىكا مەھسۇلاتى سەۋەبلىك ئادىمىيلىقنى يوقاتماسلىققا، بۇ دۇنيانى پەقەتلا مودا قوغلىشىدىغان، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئەخمەقلەر بىلەن توشقۇزىۋەتمەسلىككە، يوتقانغا بېقىپ پۇت ئۇزىتىشقا، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزنىڭ ھاياتى قەدىر-قىممىتىمىزنىڭ نېمىلىكى ئۈستىدە ئويلىنىش كېرەكلىكىمىزگە چاقىرىدىكەن.

فىلىمدە يۈز-ئابروينى دەپ ئۆزى بىلىپمۇ كەتمەيدىغان بىر تېلىفون ئۈچۈن بىر پاتمان پۇل خەجلەيدىغان بايۋەچچە، تاپقان تەرگىنىنى بالىلىرىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قېلىشنى خالىماي مىڭ بىر مۇشەققەتتە تاپقان پۇللىرى بىلەن ئوغلى ئۈچۈن iPhone سېتىۋالغان دادا، قىز دوست كەلتۈرۈش ئۈچۈن «پۇلنىڭ كۆزىگە ياغاچ تىقىدىغان» يىگىت تەسۋىرلىنىدىكەن.

ئاخىرىدا فىلىمنىڭ ئاساسلىق پىرسوناژى، Apple Store غا ئوخشىغان بىر كىچىك ئالما دۇككىنىدا ئىشلەيدىغان Apple Fan شىياۋمىنىڭ مائاشىدىن تاماق پۇللىرىنى تېجەپ، قىسىپ يۈرۈپ يىغىپ-تۆشەپ پۇل يىغىپ iPhone سېتىۋالغاندا باشقىلارنىڭ ئاللىقاچان يېڭى نۇسقىسىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇرۇنقىلىرىنى سېتىۋېتىشكە باشلىغانلىقى، بىچارە شىياۋمىنىڭ مەڭگۈ بۇ مودىغا ئەگىشىپ بولالمايدىغانلىقىدەك بىر مەزمۇنلار سۆزلىنىدىكەن.

قېنى بۇ فىلىمنى كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە كۆرۈپ چىقايلى.

فىلىمنى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن سىز قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟ بۇ خىل ھالەتكە سىز قانداق پوزىتسىيە تۇتىسىز؟

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/apple-age-movie.html/feed 20
ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق /give-thanks-to-parents.html /give-thanks-to-parents.html#comments Sat, 29 Oct 2011 08:37:55 +0000 پاسىبان /?p=3216 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى

دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى
无觅 ]]>
ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش

ئاتا – ئانا ھەققىدە سۆز ئېيتىلغاندا سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزغا قانداق بىر سىما پەيدا بولىدۇ؟ بىزنىڭ ئاتا – ئانىمىزنىڭ ھەقلىرىنى تونۇشىمىز ۋە ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشىمىز، ئاللاھ تائالا زىممىمىزگە يۈكلىگەن بىر ۋەزىپە، بىزگە قىلغان بىر بۇيرۇق، بىزگە قاراتقان بىر ھۆكۈم، قىسقىسى ئۇ بىر پەرز!

قېرىنداشلار، ھەممىمىزگە مەلۇم بىزنىڭ دىنىمىزدا «دادىلار كۈنى» ياكى «ئانىلار كۈنى» دېيىلىدىغان بىر كۈن يوق. چۈنكى دىنىمىزدا ھەر كۈن دادىلار كۈنى، ھەر كۈن ئانىلار كۈنى ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئاتا -ئانىلارنىڭ كۆڭلى ئۆز ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن ھەر دائىم كۆرگەن ياخشى مۇئامىلە سەۋەبىدىن ھەر كۈنى خۇش تۇرىدۇ ۋە خۇش تۇرۇشى لازىم! چۈنكى دىنىمىز بىزگە مۇشۇنداق ئەمر قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنى تونۇغاندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ھەقلىرىنى، بولۇپمۇ ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئىنسانلار بولغان ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەقلىرىنى تونۇۋېلىشى ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك.

ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش

رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇفف!» دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل. (ئۇفف! دېگەن سۆز زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ)

ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن قول – قانات بولغىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا – ئانام ماڭا كىچىكلىكىمدە تەربىيىلەپ قانداق ياخشىلىق قىلغان بولسا، سەن ئۇلارغا شۇنداق ياخشىلىق قىلغىن!»

رەببىڭلار ئىچىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر ياخشى كىشىلەر بولساڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر» (ئىسرا 17/23 – 25).

بەقەرە 2/83- ئايەت، نىسا4/36- ئايەت، ئەنئام 6/151- ئايەت، ئەنكەبۇت 29/8- ئايەت، لوقمان 31/14- ئايەت، ئەھقاف 46/15- ئايەت قاتارلىق ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاشتۇر.

ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش

بۇ ئايەتلەردە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆز ئەۋلاتلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ھەقلەر تۆۋەندىكىچە:

1. ئاتا – ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، يەنى ئۇلارنى ئۆزىدىن ۋە خوتۇن – بالىلىرىدىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارغا بۇنىڭغا قارىتا مۇئامىلە قىلىش.

ئىسرا سۈرىسىنىڭ 23 – ئايىتىنىڭ (يۇقىرىدىكى بىرىنچى ئايەتنىڭ) مەتنىنىڭ بېشىدىكى «قەزا» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ۋە «ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار» دېگەن جۈملىنىڭ باشتىكى جۈملىدىن پەرقلىق ھالدا بولۇشلۇق شەكىلدە كېلىشى، بۇ ئىشنىڭ سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدىغان بىر ئىلاھى پەرمان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

2. ئاتا – ئانىلارنى كىچىككىنە بىر سۆز ياكى ئاددىي بىر ھەرىكەت بىلەن بولسىمۇ رەنجىتمەسلىك.

3. ئاتا – ئانىلارنى ئازارلىماسلىق، يەنى ئۇلارغا ۋاقىراش ياكى قوپال گەپ – سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق.

4. ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش.

5. ئاتا – ئانىلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش.

6. ئاتا – ئانىلارغا رەھمەت ۋە تەشەككۈر ئېيتىش، يەنى ئۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى سۆز – ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ھەر دائىم ئىپادىلەپ تۇرۇش. (لوقمان سۈرىسىنىڭ 14- ئايىتىنىڭ بىر قىسمى بۇنىڭغا بۇيرۇيدۇ).

7. ئاتا – ئانىلارغا ئىتائەت قىلىش.

ئەسكەرتىش: ئاتا – ئانىغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزغا خىلاپ بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» بۇ ھەدىس ئۈچۈن (مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئىي، بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد) قا قاراڭ.

مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ھەدىس: «ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» (مۇسنەدى ئەھمەد 1/129؛ 1/131).

8. باشقىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللىماسلىق، سۆكمەسلىك ۋە ھاقارەتلىمەسلىك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللىشى ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىندۇر» دېگەن ئىدى، يېنىدىكى ساھابىلەر: «يا رەسۇلەللاھ! بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىمۇ تىللامدۇ؟» دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بۇ كىشىنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بۇ كىشىنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ» دەپ ئۇلارغا چۈشەنچە بەرگەن. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

9. ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ، پەقەت ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلانماسلىقى لازىم. لوقمان سۈرىسىنىڭ 15- ئايىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە 7- ھەقتە زىكىر قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

10. ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، يەنى ئۇلار مەيلى ھايات بولسۇن مەيلى ھايات بولمىسۇن ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش.

11. ئۇلارنىڭ قەرزى بولسا تۆلەپ قويۇش. چۈنكى بۇ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ بىر پارچىسىدۇر.

12. ئۇلارنىڭ دوست – بۇرادەرلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇش.

مانا بۇلار، يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن چىقىدىغان مەزمۇنلار. مانا بۇلار، ئاتا – ئانىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى. بۇ ھەقلەرگە رىئايە قىلىش بىزنىڭ زىممىزگە يۈكلەنگەن.

ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئىنساننى ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق، ئانىسى ئۇنى قورسىقىدا ئۈستى – ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. ئى ئىنسان! ماڭا ۋە ئاتا – ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن» (لوقمان سۈرىسى 14- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«بالا ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرالمايدۇ، پەقەت بالىنىڭ ئاتىسى قۇل بولۇپ، بالا ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلسا، ئاندىن ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرغان بولىدۇ» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«ئاتىسى بىلەن ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى قېرىغۇچە ياشاپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى خارۇزار بولسۇن! خارۇزار بولسۇن! خارۇزار بولسۇن!» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

يۇقارقى مەزمۇنلارنىڭ كېلىش مەنبەسى

ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش

ئاتا – ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا دىنىمىز يۇقارقىدەك ئىش-ھەرىكەتلەرگە چاقىرىدىكەن. ئەمدى بىز بۇ سىننى كۆرۈپ باقايلى. مەنچە يۇقارقى مەزمۇنلار بولسا يىتەرلىكمۇ ئىدى. لېكىن بۇ سىن نەچچە يىل بۇرۇن ماڭا خېلى قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. شۇ چاغدا ئويلىغان ئىدىم: بىز ئۆزىمىزنى بىر مۇسۇلمان سانايمىز. لېكىن بۇلارغا ئوخشاش دىنسىز دەپ تەرىپلىنىدىغان بىر مىللەت ئاتا-ئانا توغرىسىدا كىشىنى ئويلاندۇرغىدەك شۇ دەرىجىدە سۆزلەپتۇ. ئۇنداقتا بىز مۇشۇ سالاھىيىتىمىز بىلەن ئەلۋەتتە قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز بۇنى ئويلىشىمىز لازىم. ئارتۇق سۆز ئىشەككە يۈك.

سىن ھەققىدە:
بۇ سىن پروفېسسور زوۋيۆ 邹越 نىڭ سوڭيۈەن تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە قىلغان نۇتۇقى بولۇپ، بۇ شۇ قېتىملىق نۇتۇقنىڭ ئاخىرى. بېشىدا دۆلەت ۋە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار توغرىسىدا سۆزلىنىدۇ. بۇسىننىڭ شۇ قىسمىغا قىزىققۇچىلار بۇ جايدىن كۆرۈڭلار.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/give-thanks-to-parents.html/feed 5
Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى /steve-jobs-celebrating.html /steve-jobs-celebrating.html#comments Fri, 28 Oct 2011 09:55:07 +0000 پاسىبان /?p=3213 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى

SAMSUNG 9 بىلەن MacBook Air نىڭ سېلىشتۇرما جېڭى

ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق

تېز خەۋەر – ستىۋ جوبس خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى
无觅 ]]>
Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى

Steve Jobs ئۆلگەندىن كىيىن كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆز قولى بىلەن ئىجاد قىلغان iPhone 4 ىنى قايتىدىن سېتىۋېلىشقا باشلىدى. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە iPhone 4 ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقى ئەڭ ئېسىل iPhone ھېسابلىنىدىكەن. بەلكى بۇ قاراش شۇلارنىڭ Steve Jobs قا بولغان ھۆرمىتى، ئىشەنچى ۋە سېغىنىشى سەۋەبلىك بولسا كېرەك. جوبسنىڭ ئاشۇنداق سېغىنىدىغان ئەگەشكۈچىلىرىگە Tim Cook باش بولۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ جوبسنى ئەسلەشتى.

قىستۇرۇلغان فىلىم مۇشۇ قېتىملىق مۇراسىمنىڭ باشتىن-ئاخىر كۆرۈنىشى بولۇپ، ئومومى ئۇزۇنلىقى 80 مىنۇت ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئاساسلىقى جوبسنىڭ ھاياتى سۆزلىنىدۇ. قىزىققۇچىلار كۆرۈپ چىقساڭلار بولىدۇ. سۈزۈك نۇسقىسىنى كۆرمەكچى بولغانلار ئالما تور بېتىدىن كۆرۈۋېلىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/steve-jobs-celebrating.html/feed 3
گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى. /cs-arilines-airbus-a380-first-fligh.html /cs-arilines-airbus-a380-first-fligh.html#comments Mon, 17 Oct 2011 10:10:19 +0000 پاسىبان /?p=3110 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق

ھەقسىز Apple ID ئىلتىماس قىلىش دەرسلىكى (فىلىملىك)

دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى
无觅 ]]>
گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى.

يولۇچىلار ترانسپورتىغا ئىشلىتىدىغان ئايرۇپىلانلار ئىچىدە چوڭلۇقتا تەڭدىشى يوق، ھەشەمەتلىكتە يۈكسەك ئۈستۈنلۈككە ئېگە، دۇنيادىكى ئايروپىلان سانائىتىدىكى كاتتىباش كارخانا AirBus نىڭ ئەڭ پەخرلىك مەھسۇلاتى AirBus A380 بۈگۈن جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى.

 

شىنخۇا تورى خەۋىرى : بېيجىڭ ۋاقتى 2011-يىل 10-ئاينىڭ 17-كۈنى جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ AirBus A380 تىپلىق ئايرۇپىلانى بېيجىڭدىن گۇاڭجۇغا ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. رەسىمدە، ئايرۇپىلان خادىملىرى ئۇچۇش بۇيرۇقىنى كۈتمەكتە.

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

بۇ قېتىملىق ئۇچۇشقا قاتناشقان ئۇچقۇچىلار. (يوغانلىقىدىن 5 ئادەم ئۇچۇرىدىكەن بۇ كاساپەتنى)

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

بۇ قېتىمقى ئۇچۇش لىنىيەسى بېيجىڭنىڭ T2 ئايروۋوگزالىدىن باشلانغان بولۇپ، رەسىمدە ئايرۇپىلان يولۇچىلارنىڭ چىقىشىغا تەق بولۇپ تۇرۇپتۇ. رەسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 2 قەۋەت بۆلۈمچىگە 2 دانە كارىدورلۇق پەشتاق ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

بۇ قېتىمقى ئۇچۇش، A380 نىڭ جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە مۇراسىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ جۇڭگودىكى تۇنجى گېگانت ئايرۇپىلاننىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچىدە قاتنىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. رەسىمدە رەھبەرلەر مۇراسىم ئۈستىدە لېنتا كېسىۋاتىدۇ.

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

بۇ گېگانت ئايرۇپىلاننىڭ چاقىغا قاراپ بېقىڭلار. كېمىدە 1.3 مېتىر كېلىدىغاندەك …

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

بۇ قېتىملىق ئۇچۇشقا جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مەرۋايىت كۇلۇبىغا ئەزا يولۇچىلىرىغا تەكلىپنامە ئېۋەتىپ تەكلىپ قىلغان. تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش بىر قەدەر داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلغان. بەلكى ئىچىدە ھەرخىل پائالىيەتلەر بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن. بىزگە تونۇشلۇق ۋاسكىتبول چولپىنى ياۋمىڭ 姚明 مۇ بۇ قېتىملىق ئۇچۇشقا قاتنىشىپ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

بۇ رەسىمگە قارىغاندا ئالدىدا ئېيتقان «ھەشەمەت» دېگەن سۆزىمىز ئارتۇق كەتمىگۈدەك. نېمانچە كەڭ ئورۇن بۇ؟

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

ئايرۇپىلاننىڭ ئىچى خۇددى بىر مېھمانخانىدەكلا. كىممۇ بۇنى ئايرۇپىلاننىڭ ئىچى دەپ ئويلايدۇ؟

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

لېكىن ئاستىدىكىسى ئايرۇپىلاننىڭ ئىچى ئەمەس، چىقىش ئېغىزى ئىكەن.

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدىكى تۇنجى A380 تۈنۈگۈن (16-ئۆكتەبر) ئوڭۇشلۇق ھالدا سىناقتىن ئۆتۈپ 上海浦东国际机场 شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا مۇۋاپپىقىيەتلىك قوندى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە باش ئىدارىسى (中国民航总局) بۇ تۇنجى گېگانت ئايرۇپىلاننىڭ سىناپ ئۇچۇش تەستىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

16-ئۆكتەبر سىناقتىن ئۆتكەندىن كىيىن 17-ئۆكتەبر كۈنى تۇنجى قېتىم يولۇچىلارنى چىقىرىپ بېيجىڭدىن گۇاڭجۇغا ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 18-ئۆكتەبردىن باشلاپ يولۇچىلار ئۈچۈن تىجارى ترانسپورتنى باشلايدىكەن.

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

بۇ ئايرۇپىلان جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى (中国南方航空公司) نىڭ كوزۇرى ھېسابلىنىدۇ. جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى Skytrax نىڭ 5 يۇلتۇزلۇق مۇلازىمەت ئۆلچىمى بويىچە ئايرۇپىلان كۈتكۈچىلىرى ئىچىدىن مەخسۇس A380 ئۈچۈن ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

مەخسۇس A380 ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئايرۇپىلانغا چىقىش كارتىسى بېجىرىش ئورنى بار بولۇپ، بېيجىڭ پايتەخت ئايروپورتى (北京首都机场) نىڭ T2 ئايروۋوگزالى (航站楼) نىڭ F01-F02 ئېغىزىدا؛ گۇاڭجۇ بەييۈن ئايروپورتى (广州白云机场) نىڭ E17-E24 ئېغىزىدا بېجىرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا بىرىنجى بۆلۈمچە (头等舱) يولۇچىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈتۈش زاللىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ زال بېيجىڭ پايتەخت ئايروپورتى (北京首都机场) نىڭ T2 ئايروۋوگزالى (航站楼) ئۇچۇش زالىدىكى 14-ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى ئەزىز مېھمانلار ئايرۇپىلانغا چىقىش مۇلازىمەت رايونى 南航高端旅客乘机服务区 ئىكەن. گۇاڭجۇ بەييۈن ئايروپورتى (广州白云机场) نىڭ ئۇچۇش زالىدىكى 1-2 ئىشىك ئارىلىقىدىكى جايدا ئىكەن.

A380 نىڭ ئايرۇپىلان بۆلۈمچىسىنى كۆلىمى 550 كۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇ جەمئىي 3 دانە تېنىس توپ (چويلا توپ) مەيداننىڭ كۆلىمىگە تەڭ ئىكەن. 506 نەپەر يولۇچى سىغىدىكەن. جەمئىي 2 قەۋەت، 3 بۆلۈم ( بۇ يەردە ئېيتىلغىنى يۈك-تاق بۆلۈمى، 1- ۋە 2- قەۋەتنى كۆرسىتىدۇ) ئىكەن.

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

جەمئى 14 ھاجەتخانا بار ئىكەن.

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

بۇ بىرىنجى بۆلۈمچە 头等舱 بولۇپ، ئورۇندۇقنى تۈزلەپ ياتقىلىمۇ بولىدىكەن. ئورۇندۇقنىڭ ئورنىنى ئەستە ساقلاش ئالاھىدىكىمۇ باركەن.

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

8 دانە ئايرىم خانە بار بولۇپ، بۇ ھەشەمەت بىرىنجى بۆلۈمچىسى 豪华头等舱 دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ ئايرۇپىلاننىڭ ئورۇندۇق لايىھەسىنى جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى ئۆزى مەخسۇس بۇيرۇتقان بولۇپ، باشقا A380 لارغا قارىغاندا يولۇچى سانى ئاز ئىكەن. چۈنكى بۇلار ئورۇندۇق ئارىلىقىنى راھەتلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ كەڭ ياساتقان ئىكەن. بۇ خانىلەردە ئىشخانا، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئىستراھەت ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىكەن.

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

پۈتۈن ئايرۇپىلاندا جەمئىي 19 ئاشخانا بار بولۇپ، 87 توشۇش ھارۋىسى بار ئىكەن. بۇ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سانلىق قىممەت ھېسابلىنىدۇ.

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

مەخسۇس ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەر. بۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەر نۆۋەتتە پەقەت مۇشۇ ئايرۇپىلاندىلا بولسا كېرەك …

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

بۇ ئايرۇپىلاننىڭ ماتورى مەيلى ماي سەرپىيات جەھەتتە بولسۇن، مەيلى شاۋقۇن ئاۋازى جەھەتتە بولسۇن، ئەڭ ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللەيدىكەن.

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

نۆۋەتتە جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بۇ ئايرۇپىلانى دۆلەت ئىچىدە يولۇچى توشۇيدىغان تۇنجى 2 قەۋەتلىك ئايرۇپىلان ھېسابلىنىدۇ.

گېگانت قۇش A380 جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

گەرچە ئايرۇپىلان شۇنچە چوڭ بولسىمۇ، جىددى ئەھۋال يۈز بەرگەندە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت ئاران 11.5 سېكونت بولغان. يەنى جىددى ئەھۋال يۈز بېرىپ 11.5 سېكونت ئىچىدە ئايرۇپىلان خادىملىرى بارلىق جىددى تارقىلىش ئىشىكلىرىنى ئېچىپ بولغان. بۇ ۋاقىت خەلق ئاۋىئاتسىيە باش ئېدارىسىنىڭ تەلىپىدىن 3.5 سېكونت تېز ئىكەن.

بۇ قېتىملىق ئۇچۇشقا BMW نىڭ ئوماق ماركىسى Mini نىڭ Countryman ماشىنىسى يول باشلىغۇچى بولۇپ بېكىتىلگەن. تۆۋەندە ئاشۇ سىننى بىر كۆرەيلى.

تۆۋەندىكىسى جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ مەخسۇس A380 ئۈچۈن ئىشلىگەن ئېلانى

ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش

تەگلىك رەسىملىرى (رەسىمنى چېكىپ چوڭايتالايسىز)

 

 

جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مەخسۇس ئۆزىنىڭ A380 ئايرۇپىلانىنى چۈشەندۈرۈپ ئىشلىگەن ژورنالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/cs-arilines-airbus-a380-first-fligh.html/feed 7
شۇنداق، ئۇ كەتتى /we-lost-steve-jobs.html /we-lost-steve-jobs.html#comments Thu, 06 Oct 2011 07:17:52 +0000 پاسىبان /%d8%b4%db%87%d9%86%d8%af%d8%a7%d9%82%d8%8c-%d8%a6%db%87-%d9%83%db%95%d8%aa%d8%aa%d9%89.html بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن 无觅 ]]> We Lost Steve Jobs

بۈگۈن بىز دۇنيادىكى كاتتا كەشپىياتچىدىن ئايرىلىپ قالدۇق. بۈگۈن ئالما شىركىتى خادىملىرى، شۇنداقلا دۇنيادىكى بۇ كىشىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان نۇرغۇن كىشىلەر سۈكۈتتە تۇرۇشتى… مېنىڭچە ئارتۇق سۆزنىڭ ھاجىتى يوق…

sss

 

ستىۋ . جوبس  1955-2011

ئالما بىر يىراقنى كۆرەر، يېڭىلىق ياراتقۇچى تالانت ئېگىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. دۇنيا بىر كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنساندىن ئايرىلدى. ئارىمىزدىكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلالىغانلار، ئۆزىنىڭ يېقىن بىر دوستىدىن ۋە ئۇلارغا يول كۆرسەتكۈچى ئۇستازىدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ قالدۇرغىنى پەقەت ئۇلا قۇرۇپ چىقالايدىغان شىركەت بولدى. ئۇنىڭ روھى – ئالما شىركىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسى يىلتىزى.

Steve Jobs نى ئەسلەيمىز!

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/we-lost-steve-jobs.html/feed 30
SAMSUNG 9 بىلەن MacBook Air نىڭ سېلىشتۇرما جېڭى /samsung-9-vs-apple-macbook-air.html /samsung-9-vs-apple-macbook-air.html#comments Mon, 03 Oct 2011 04:19:05 +0000 پاسىبان /?p=2853 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى

ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق

NFS نى ئوينىسىڭىز بوپتۇ، لېكىن ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەدبىقلمىغان ياخشى ئىدى…
无觅 ]]>

سامسۇڭ (SAMSUNG) شىركىتى ئالمىغا (Apple) يېقىندىن خىرىس قىلىۋاتقان «سابىق ھەمكارلاشقۇچىسى» . يېقىندا ئالما شىركىتى سامسۇڭنىڭ بەزى ئەقىللىق تېلفونلىرىنىڭ iPhone غا ئوخشىتىپ ياسالغانلىق ئۈستىدە شىكايەت قىلىپ يۈردى. ئاندىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ، سامسۇڭ قايتارما زەربە بەرمەكچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ بىر قىسىم پاتېنتلىرىغا ئالمىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەرز قىلماقچىمۇ بولۇشتى. بۇ ئىككى كارخانا ھېلىھەم مۇشۇنداق ئاداۋەتتە «ھەمكارلىشىپ» يۈرۈيدۇ.

سامسۇڭنىڭ 9 تىپىدىكى لەپتوپلىرى ئالمىنىڭ MacBook Air غا ئوخشاش ئىنتايىن نىپىز، يىنىك لەپتوپ بولۇپ، بۇنى IT ساھەسىدىكىلەر سېلىشتۇرۇپ ھەرخىل سىناقلارنى ئېلىپ بېرىپتۇدەك. تۆۋەندە بۇ ئىككى ماھىرنىڭ بىرقانچە پارچە رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

تۆۋەندە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سىننى كۆرۈپ باقايلى.

iPhone ۋە iPad تە كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.

بۇلارنىڭ سەپلىمە سېلىشتۇرمىسى:

سەپلىمىلەر Samsung Ultrathin 9 MacBook Air
CPU Core i5 (1.4GHz to 2.3GHz) 3MB L2 Core 2 Duo 1.86GHz
ئىچكى ساقلىغۇچ 4GB DDR3 2GB to 4GB DDR3
قاتتىق دېسكا 128MB SSD 128GB to 256GB
ئېغىرلىقى (قاداق) 2.89lbs 2.9lbs
سىنكارتا Intel HD GT2 (Inside the CPU, I wonder how it’ll do) nVIDIA GeForce 300M with 256MB shared off your main RAM
باتارىيەسى 6.5 Hours 7 Hours
ئۇلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەر USB 3.0 (I’m not sure of that myself), WiFi a/b/g/n, WiMaxi and Bluetooth 3.0 USB, SD card slot, WiFi a/b/g/n, Bluetooth 2.0
باھاسى (دوللار) Starting $1,599 Starting $1,299

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/samsung-9-vs-apple-macbook-air.html/feed 4
ئەسكى تۆمۈرنى يەنە تاشلىۋېتەمسىز؟ /iron-art.html /iron-art.html#comments Sat, 01 Oct 2011 04:12:20 +0000 پاسىبان /?p=2848 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى

ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق

خېمىر ماگىنىتنى كۆرگەنمۇ؟ بۇ خېمىرنى ئۇسۇل ئويناتقۇزغىلى بولىدىكەن
无觅 ]]>

تۆمۈر بىزلەرگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان، لېكىن يەرشارىغا تەۋە بولمىغان تاشقى پىلانىت مەھسۇلاتى. ئاللاھ بۇ نېئمەتنى بىزگە ئاسماندىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ بەرگەن. قۇرئان كەرىمدە بۇ توغرىسىدا ئېنىق ئايەت بار. ئەسكى-تۈسكى تۆمەر-تەسەكلەردە بۇنىڭغا ئوخشاش كۆركەم سەنئەت بويۇملىرىنى ياسىغىلىمۇ بولىدىكەن.

 

شىمپانزىغا ئوخشىغان ماۋۇ نەرسىنى لايىھەلىگەن بۇ چەتئەللىك قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەندۇ ھە؟ بەكلا ئوخشىغاندەك تۇرىدۇ. ساپلا ماشىنىلاردىكى ئىشلىمەيدىغان زاپچاسلار، تاشىلىۋەتكەن قالدۇقلاردىن بۇ سەنئەت بويۇمىنى ياساپ چىقىپتۇ. ئەگەر ساتسا ئاۋۇ ئەسكى ماشىنىدىنمۇ بەكرەك پۇلغا ئالىدىغۇ دەيمەن.

 

تىكىلىپ قارىماڭ، قوچقارنىڭ ئاچچىقى سەل يامان تۇرىدۇ.

بۇلار تېخى ئەرمەكمۇ باقىدىكەن.

ماۋۇنىڭ نېمىلىكىنى قاراپ بىلەلىدىڭلارغۇ دەيمەن. شۇنداق، ئاشۇ نەرسە شۇ!

ئۆزى مۇشتەك، قۇيرۇقى نوغۇچتەك. لېكىن بۇنىڭ قۇيرۇقى ھېچ نوغۇچقا ئوخشىمايدا؟

قۇلىقى سالپاڭ بولسىمۇ، بەستى خېلى باركەن.

 

 

 

 

زەنجىر تاپان؟ تانكىمۇ بۇ؟

 

 

ماۋۇ ئۆردەكنىڭ بۇرۇلۇش چىرىقى باركەن تېخى (18 چىشىنى چىقىرىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى).

 

ئانا بالا كېنگۇرۇنىڭ «ئانىسى»

بۇ ئىشلەش جەريانى ئىكەن.

CCTV نىڭ يىرتىلغان قەغەز-گېزىتلەردىن پايدىلىنىپ ھەرخىل نەرسىلەرنى ياساشنى ئۆگىتىدىغان بىر پروگراممىسى بار. بۇ بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئويغىتىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەن. بىزمۇ ئۇكىلىرىڭىزغا ياكى بالىلىرىڭىزغا مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئوينىغىلى بەرسەك، تەننەرخى ھەم ئەرزان بولۇپ، تەپەككۇرىنى قوزغىتالايدىكەنمىز. قوش ئۈنۈم يارىتىلغىدەك. بۇندىن كىيىن كىچىكلەر بىلەن بىللە سىناپ باقامدۇق؟

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/iron-art.html/feed 3
iPhone 5 نىڭ بىر قىسىم لايىھەلىرى /iphone-5-concept.html /iphone-5-concept.html#comments Fri, 30 Sep 2011 02:09:26 +0000 پاسىبان /?p=2843 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

iOS 5.0 دىن بىر – ئىككى پارچە رەسىملەر

قورقۇنۇشلۇق ئەپ Demon Cam
无觅 ]]>

5-ئەۋلاد iPhone نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلىپ بولدى. ئېلان قىلىنىشىغا پەقەت نەچچە كۈنلا قالدى. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان چىدىر تىكىپ ساقلاپ كەتكەن تەلۋىلەرنىڭ ساقلىشىمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. يېڭى iPhone زادى قانداق شەكىلدىدۇ؟ بىر كۆرۈپ باقامدۇق؟

لايىھەلىگۈچىلەر بىكار تۇرماي ئۆزىچە ھەرخىل تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ئەۋلاد ئايفوننىڭ شەكلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپەككۇرىنى يۈرگۈزىشىپتۇ. بۇ لايىھەلەرنىڭ ئاساسەن ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى – تېخىمۇ نېپىز، ئېكرانى تېخىمۇ چوڭ ئىكەن.

توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ باشقىلارنىڭ بىر قانچە پارچە لايىھە رەسىملىرىنى تېپىپ چىقتىم. بۈگۈن سىلەر بىلەن بۇ لايىھەلەرنى ئورتاقلاشماقچىمەن.

بۇ لايىھەلەر ئىچىدە ناھايىتى قالتىس، ئالمىنىڭ لايىھەلىرىدىكى ئېلىمېنتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن نەچچە خىل لايىھەلەرمۇ باردەك قىلىدۇ. يېڭى ئايفون زادى قانداقتۇ؟ ئاللاھ نىسىپ قىلسا يەنە نەچچە كۈندىن كىيىن ھەقىقىي جامالىنى كۆرەرمىز.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/iphone-5-concept.html/feed 4
iPhone ۋە Android ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ (فىلىم) /iphone-vs-android.html /iphone-vs-android.html#comments Thu, 29 Sep 2011 10:27:53 +0000 پاسىبان /?p=2858 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

ئۇنىۋېرسال قويغۇچ بۈگۈن ھەقسىز! بازار چاققاننىڭ!

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

iPhone 5 نىڭ بىر قىسىم لايىھەلىرى
无觅 ]]>

iPhone ۋە Android نىڭ ئۆزىگە خاسا ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئىدراكلىق يانفون ساھەسىدە يۇقىرى ئورۇننى ئېگەللەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىرى ئۇنى ياخشى دېسە بىرى بۇنى ياخشى دەپ، بىرسى بۈگۈن باشقا بىرىدىن 10 ياخشى تەرىپىنى تىزىپ چىقسا، ئەتىسى ئۇ تىزىپ … ئىشقىلىپ بۇ ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن 1-ياكى 2-ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ.

بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ بۇ ئىككى تونۇش دۈشمەنلەرنىڭ قىزىقارلىق بىر فىلىمىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ فىلىمنى ئىشلىگۈچى شىركەت، دۇنيادىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بىتەرەپ دۆلەت شىۋىتسارىيەدىكى بىتەرەپ مېدىئا شىركىتى بولغان Swissinfo ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ  قىسقا كارتوننىڭ ئاخىرىدا بۇ ئىككى رىقابەتچىلەر ئېگىسى بىلەن كارى بولماي، دوست-بۇرادەر بولۇشۇپ كېتىدىكەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/iphone-vs-android.html/feed 5