iOS تە رەسىم تەھرىرلەيدىغان قوراللار خېلىدىن ئوبدان سېتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ iPad ئۈچۈن لايىھەلەنگەن رەسىم تەھرىرلەش قوراللىرى ئوبدان بازار تېپىغلىق. Nik Software, Inc نىڭ Snapseed دېگەن ئەپمۇ 4.99 دوللاردىن سېتىلىدىكەن. بۈگۈن بۇ ئەپ ۋاقىتلىق ھەقسىز ئىكەن.
App Store دا ئەپلەرنىڭ تۈرىمۇ، سانىمۇ دەھشەت سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ. كىشىنى خوش قىلىدىغىنى شۇكى، بۇ تەرەققىيات پەقەت بىر خىللا شەكىلدىكى ئەپلەرنى لايىھەلەشكە ئەمەس، ئادەمنىڭ كاللىسىغا كەلمەيدىغان، ئەقلىنى لال قىلىدىغان بىر شەكىلدە بولۇشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى بۇ ئەپنىڭ لايىھەسىمۇ كۈچلۈك ئىجادچانلىققا ئېگە ئىنتايىن ئوماق بىر ئەپ.
مۇشۇ ماۋزۇدىكى تېمىلىرىمىز بىر چاغلاردا ئارقىمۇ-ئارقا ئېلان قىلىنغان ئىدى. كىيىن ئۆزۈم تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاۋارىچىلىقى تۈپەيلى داۋاملاشتۇرۇشنى توختىتىپ قويغان ئىدىم. يېقىندا iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىمۇ ئېلان قىلىندى. مەن شۇ قاچقۇنلارغا بۈگۈن بۇ سوۋغىنى ئېلىپ كەلدىم.
iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئاخىرى ئېلان قىلىندى. يىل ئاخىرىدا Pod2g تۈرمىگە سولىنىپ ياتقان قاچقۇن كىشىلەرگە بىر سوۋغا تەقدىم قىلدى-دە! لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى، A5 CPU لۇق ئۈسكۈنىلەرنى مۇكەممەل قاچۇرالمايدىكەن.
تور بەتچىلىكتە CSS كودى كەڭ ئوموملىشىپ كەتكىنىگە ئۇزۇن زامانلار بولدى. يېڭى CSS تە ھەر خىل رەسىملەرنى پەقەت كود ئارقىلىقلا ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ رەسىم بولماستىن پەقەت كود ئارقىلىقلا ھاسىل قىلىنغان «رەسىم» . يېقىندا پروگراممىرلار پەقەت CSS ۋە JS كودلىرى ئارقىلىق iPhone 4 نىڭ تەقلىدىي كۆرىنىشىنى ھاسىل قىپتۇ.
iPhone 4S نىڭ پاتېنتى بولغان Siri ئىلگىرى خاككىرلار تەرىپىدىن «مۇكەممەل بولمىغان» ھالەتتە iPhone 4 كە كۆچۈپ كەلگەن ئىدى (بۇ يازمىغا قاراڭ). يېقىندىن بۇيان ھەممە كىشى iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى 4 كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقاندا، سارىخان بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەن خاككىرلار ئۇتۇقلۇق ھالدا iPhone 4 تە قانۇنلۇق سىناپ قىپتۇمىش.
تۈرمىدىن قاچۇرىدىغانلار ئۈچۈن خالىغان بىرەر ئەپنى ياكى بىرەر قىسقۇچ ئىچىدىكى بىرقانچە ئەپنى يوشۇرۇپ قويۇش ياكى مەخپى نومۇر قويۇش دېگەندەك ئۇسۇللار ئادەتتىكىچە بىر ئىش. لېكىن تۈرمىدىن قاچۇرمايدىغانلارغا نىسبەتەن بۇ خىل ئالاھىدىلىككە ئېگە ئەپ، ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ قوللىنىشچان بىر ئەپ ھېسابلىنىدۇ.
قۇلۇپى بار نەشىردىكى iPhone ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نىجاتلىق يۇلتۇزى بولغان ئۇلترا قار Ultrasn0w ئامېرىكا نەشىردىكى ئايفونداشلارغا يات بولمىغان بىر ئۇقۇم بوپكەتتىغۇ دەيمەن. ئىلگىرى iOS 5 نىڭ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇللىرى چىققاندا 5.0 لىك سېستىمىنى قاچىلىغان قۇلۇپى بار iPhone چىلارغا خۇش خەۋەر كەپتۇدەك.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار