بۇ يىلقى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە ئۇقۇم ماشىنىلىرىمۇ يىللاردىكىدىن كۆپ بولدى. بىر قاراشقا ئادەم لاسۋېگاس ماشىنا كۆرگەزمىسىگە كەپقالغاندەك ھېس قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئىشقىلىپ خېلى چوڭ كۆرگەزمىلەرگە ئوخشىدى. بۇ ماشىنىمۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان ئاشۇ ئۇقۇم ماشىنىلىرىنىڭ بىرى. ئەگەر كوچىدا مۇشۇ ماشىنىنى كۆرۈپ قالساق ھەممە ئادەم قاراپ، ماشىنا ھەيدەۋاتقانلار ئالدىدىكى ماشىنىغا ئۈسسۈسە، پىيادىلەر ئىستولبىغا… مانى ھەيدىگەن شوپۇر بولسا مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئاخسا ھەيدەپ كەتسە …
3-ئەۋلاد تويوتا پرىيۇسنى ئېلىكتىر مەنبەگە چېتىپ تۇرۇپ توك قاچىلىغىلى بولىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن بولۇپ، بۇ ماشىنا مۇنەۋۋەر بولغان HYBRID، يەنى «ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك» ماشىنا ھېساپلىنىدۇ. پرىيۇس دۇنيادا ئەڭ دەسلەپ ياسالغان ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنا ئىدى. ھەممە يەردە ئېنىرگىيە تېجەشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن ماركىدىكى ماشىنىلار ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنا ياساش يولىغا قەدەم قويۇشقا باشلىدى ۋە قويۇپ بولدى. مەسىلەن، ھەشەمەت تىپىدىكى ماشىنىلاردىن لېكساسنىڭ LEXUS LS 600hL، بېنزنىڭ M-BENZ S400 HYBRID ، ئوتتۇرا قاتلامدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ماشىنىلاردىن دۆلىتىمىزدە ياساۋاتقان خوندا سۋىك، تويوتا كەمرىي قاتارلىقلارنىڭمۇ ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك تىپىدىكى ماشىنىلىرى بار. داۋامىنى ئوقۇش »
2010-يىللىق گۇاڭجۇئاپتوموبىل يەرمەنكىسى باشلانغىلى بىر قانچە كۈن بولدى. مەن مۇشۇ يەرمەنكىنى ئىز قوغلاپ ئىسىل ياكى يېڭى ماشىنىلار بولسا تونۇشتۇرۇش ئويۇم بار ئېدى. ئۇقۇم ماشىنىلىرىمۇ يىللاردىكىدىن كۆپ ئىكەن بۇيىل. ئىشلىرىم ئالدىراش بوپ كېتىپ ھەم يېڭىياچىلىقتا يېتىشىپ بولالماي قالدىم.
ئات كۈچى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېگە ئەمەس ۋاقىتلىرىمدا پەقەت تاشقى كۆرىنىشىگىلا ئېتىۋار بېرەتتىم. بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچەم چوڭقۇرلىغاندىن بۇيان كوچىدا مۇشۇنداق ماشىنىلارنى كۆرسەم ئىشتىياق بىلەن قاراپ كېتىمەن. داۋامىنى ئوقۇش »
7 ئاي ئىلگىرى ۋولكسۋاگېن ”Volkswagen 大众“ خانوۋېر سودا يەرمەنكىسىدىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ Milano Taxi Concept دەپ ئاتىلىدىغان تاكسى ئۇقۇم ماشىنىسى تۈرىنى تەتقىق قىلىپ ياسايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئېدى. شۇ چاغدىكى مىلەن شەھىرىنىڭ يەرلىك پۇرىقىغا ئېگە بولغان بۇ تاكسى ماشىنا لايىھەسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 7 ئاي كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بولسا ۋولكسۋاگېن يەنە ئۇلاپلا ئۇنىڭ داۋامى بولمىش London Taxi Concept نى ئېلان قىلدى. داۋامىنى ئوقۇش »
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار