جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 302 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

ئەركەك ماشىنا – Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

2012-4-30 13:55| يوللىغۇچى : پاسىبان| كۆرۈش: 298| باھا: 0

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن دالا ماشىنىسىنى «جېپ ماشىنا» ياكى 吉普车 دەپ ئاتاشقىنىنى ئاڭلايمىز. Jeep ئۆزىنىڭ باشتىن-ئاخىر ساقلىغان خاسلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن شۇ قەدەر ئورۇن ئالالىغانكى، پۈتۈن بىر ماشىنا تۈرىنى ئۆزىنىڭ ماركىسى بىلەن ئاتايدىغان قىلىۋەتكەن.

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

شۇنداق، جېپنىڭ بۇ غەلبىسىنى بىز ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. سىز پىكاپ شەكلىدىكى ماشىنىنى «بېنز ماشىنا» ، «باۋما ماشىنا» دەپ ئاتاشقىنىنى ئاڭلىغانمۇ؟ MPV تۈرىدىكى ماشىنىنى پرېۋىيا ماشىنا، ئوۋديەسسىي ماشىنا دېگىنىنىچۇ؟ چاپقۇر شەكلىدىكى ماشىنىنى «لەمبورگىنى ماشىنا» ، «فەرارى ماشىنا» دەپچۇ؟ مېنىڭچە ئەسلا ئاڭلاپ باقمىغانغۇ دەيمەن. مېنىڭچە بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئاڭلىمايمىز. لېكىن، دالا ماشىنىسىنى بۇرۇن، ھازىر ۋە بۇدىن كىيىنمۇ «جېپ ماشىنا» دەپ ئاڭلاۋېرىشىمىز مۇمكىن. بۇنى بىز جېپنىڭ غەلبىسى دېمەي تۇرالامدۇق؟

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

بىزنىڭ كاللىمىزدا ئېنىق بولىشى كېرەك بولغان بىر نوقتا شۇكى، جېپ ماشىنىنىڭ تۈرى ئەمەس بەلكى بىر ماركا. جېپ Jeep ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ماركا بولۇپ، ئاساسلىق يۇقىرى ئىقتىدارلىق كۈچلۈك دالا ئىقتىدارىغا ئېگە ئۇنىۋېرسال ئاپتوموبىل ياسايدىغان شىركەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ماشىنىنىڭ ماركىسى دەپ  بىلىشىمىز، لېكىن ماشىنىنىڭ تۈرى دەپ بىلمەسلىكىمىز كېرەكلىكىنى بىلىۋالساقلا كۇپايە. مەن جېپ شىركىتىگە بولغان ھۆرمىتىم، بولۇپمۇ ماۋۇ چارۋىچى ساھاراغا بولغان ھۆرمىتىم بىلەن دالا ماشىنىسىنى «جېپ ماشىنا» دەپ ئاتىغۇچىلارنى ئۇنداق ئاتىماسلىققا تەۋسىيە قىلمايمەن. ھەتتا بۇ خىل ئاتاشنىڭمۇ خاتا ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن.

ئەركەك ماشىنا - Jeep Wrangler بىلەن تونۇشۇش

جەسۇر SUV نىڭ تىپىك ئوبرازى بولۇشقا تېگىشلىك ماشىنىغا قايسى ماشىنىنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىمىز؟ جەڭ قەھرىمانى Willys MB نىڭ پۇشتى ، ئادەمگە ئىشەنچ ۋە جەسۇرلۇق ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئەزىمەت Jeep Wrangler جېپ چارۋىچى 吉普牧马人 نى چوقۇم نامزات قىلىپ كۆرسىتىش لازىمغۇ دەيمەن؟ نۆۋەتتە چارۋىچىنىڭ 2012 يىللىق پەچەت نۇسقىسى بازارغا سېلىندى.


ئېسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۆچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس

bottom

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش