ئالدىنقى يازمىمىزدا جېپنىڭ ۋەكىللىك نادىر ئوغلانى – چارۋىچى بىلەن تونۇشقان ئىدۇق. جېپنىڭ دۇنيادىكى ھەممە ئادەم تونۇيدىغان مۇشۇ گەۋدىسى بىلەن پۈتكۈل دالا ماشىنىسى ئورتاق ھالدا «جېپ ماشىنا» دەپ ئاتىلىدۇ. تىپىك دالا ماشىنىسىنىڭ ۋەكىلى بولغان جېپنىڭ تارىخىغا خېلى كۆپ ئەركەكلەر قىزىقسا كېرەك. قېنى، بىرلىكتە ئۇلارنىڭ شانلىق تارىخىغا نەزەر سېلىپ كۆرەيلى. ئالدى بىلەن بىز ساھارانى تونۇشتۇرغان يازمىمىزدىكى ئاشۇ ئابزاسنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتەيلى. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە دالا ماشىنىسىنىڭ يەنە بىر ئىسمى «جېپ ماشىنا» ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن، ماشىنىغا ئىلمىي نوقتىدىن چۈشىنىشكە تېرىشىدىغان ۋە قىزىقىدىغان سىز ۋە بىزدەك ياشلاردا شۇ ئۇقۇم ئېنىق بولۇپ كېتىشى كېرەككى، Jeep جېپ – دالا ماشىنىسى دېگەن مەنىدە ئەمەس، بەلكى يۇقىرى ئىقتىدارلىق دالا ماشىنىلىرىنى ياسايدىغان، ئەجدادى جەڭ ماشىنىلىرى بولغان، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى بىر ماركا خالاس. شۇڭا بىز Jeep جېپنى ماشىنا تۈرى دەپ ھېسابلىماستىن بىر خەلقئارالىق داڭلىق ماشىنا ماركىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالساق بولىدۇ. لېكىن، دالا ماشىنىسىنى «Jeep ماشىنا» دەپ ئاتىساقمۇ بولىۋېرىدۇ. چۈنكى نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا كۆپلەپ ئىشلىتىلىۋاتقان ۋە ياسىلىۋاتقان Jeep ماركىسىدىكى ماشىنىلارنىڭ ھەممىسى دالا ماشىنىسىدۇر. بىر ماشىنا تۈرىگە ئۆزىنىڭ ماركىسىنىڭ نامىنى سىڭدۈرىۋەتكەن بۇ شىركەتكە، سۆزىمىزنى باشلاشتىن بۇرۇن ھۆرمىتىمىزنى ۋە قايىللىقىمىزنى بىلدۈرىمىز! ماركىغا ئېنىقلىماJeep – جەڭ مەيدانىدىكى جەسۇر جەڭچى، ئەجدادى جەڭ ماشىنىلىرى، نەچچە ئون يىللاردىن نادىر دالا ھالقىش روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، نۆۋەتتىكىدەك ھەممە كىشى ھەشەمەتكە يۈزلىنىۋاتقان دەۋردىمۇ ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ساقلاپ، ھەشەمەتخور دەۋرگە ماسلىشالىغان، ئېكىسپىدىتسىيەچىلەرنىڭ سادىق ھەمراھى بولغان ئېسىل بىر ماركا. 1939-يىلى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشى پارتىلىدى. ئامېرىكا ئاساسلىق ئۇرۇش قىلىش دۆلىتى بولغىنى ئۈچۈن، ئاسراش قولاي بولغان، دالا ئىقتىدارى، ھالقىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان، ئەپچىل ۋە قوللىنىشچانلىققا ئېگە كىچىك تىپتىكى تېز سۈرئەتلىك جەڭ ئاپتوموبىلىغا ئېھتىياجى چۈشىدۇ. ئىلگىرى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ بۇ تەتقىقات تۈرىگە ئامېرىكىدىكى كۆپلىگە ماشىنا ياساش كارخانىلىرى تەتقىق قىلىپ قاتنىشىدۇ. ئاخىرىدا ۋىللىس ( Willys-Overland ) نىڭ Willys MA تىپىدىكى ماشىنا تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىپ دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ جەڭگە ئىشلىتىشىگە تاللىنىدۇ. ئۇندىن كىيىن ۋىللىس ماشىنىنى ھەربىي تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە قايتىدىن ئۆزگەرتىپ چىقىدۇ. 1940-يىلى ۋىللىسنىڭ يېپيىڭى دالا ماشىنىسى دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. بۇ ماشىنا شۇنىڭدىن بۇيان Jeep نىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە دۇنياغا ئۆزىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. كىشىلەر قەلبىدە Jeep دېگەن بۇ نام ئاشۇ ۋاقىتتىپ كىيىن تۇرغۇزۇلۇشقا باشلايدۇ. Jeep ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدا رازۋېتكا، تەكشۈرۈش، ترانسپورت قاتارلىق ھەرخىل روللارغا قاتنىشىدۇ. Jeep نىڭ جەڭگاھتىكى قوللىنىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولغان. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدىلا جەمئىي 600 مىڭ دانە Jeep ۋە ئۇنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسقىلىرى جەڭگاھقا قاتنىشىپ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە قان تۆكۈشلەرگە شاھىد بولغان. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، كىشىلەر Jeep نىڭ ھېچقانداق بىر ماشىنىغا ئوخشىمايدىغان كەسپىي ئىقتىدارىنى، كۈچلۈك دالا ھالقىش ئىقتىدارىنى ئوچۇق تونۇپ يېتىشتى. شۇنىڭ بىلەن Jeep ناھايىتن تېز سۈرئەتتە كىشىلەرنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. Jeep ئەسكەرلىكتىن قايتتىئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشى ئاياغلىشىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ ياۋرۇپادىكى قىسىملىرى ئاستا-ئاستا چكىندۈرۈشكە باشلىدى. لېكىن، بىر قىسىم Jeep ياۋرۇپادا قالدى. يەرلىك كىشىلەر ئاشۇ Jeep نى ھەيدەشتىن خۇشاللىق ئىزدەپ، Jeep تىن پەخىرلىنىپ يۈرۈشتى. Jeep جەڭ ئاياغلاشقاندىن كىيىن مانا مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. Jeep نىڭ ھېچقانداق بىر ماشىنىغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قايتا قۇرۇشىغا ھەمراھ بولدى. كىشىلەر Jeep نىڭ ئېلىپ كەلگەن قوللىنىشچان ئىقتىدارىدىن، ناھايىتى كەڭ بولغان ئىشلىتىش دائىرىسىدىن سۆيۈندى. مۇشۇ سەۋەبلىك، Jeep كىشىلەرنىڭ سۆيۈپ ئىشلىتىدىغان ۋە پەخرلىنىدىغان تۇرمۇش قاتناش قورالىغا ئايلاندى. |
ئارخىپ|يانفۇن|پاسىبان كۇلۇبى ( 新ICP备10202432号 )
GMT+6, 2012-7-30 10:13
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.