بۈگۈن 5 كۈن بوپتۇ. يېڭى ئويۇن تەۋسىيە قىلمىدىم. چۈنكى بۇندىن كىيىن ئويۇن مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشنى توختاتماقچى بولىۋاتىمەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كۇلۇبتىكى مۇشۇ مەزمۇنلاردىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان كۇلۇب ئىشتىراكچىلىرى ئالدىدا تولىمۇ خىجىلمەن. بۇندىن كېيىن ئاساسلىقى ئايفون ۋە كۇلۇبىمىزنىڭ باشقا تۈرىگە تەۋە بولغان ساھەلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە، بەزىبىر تېخنىكىلىق بىلىملەر، شۇ ساھەدىكى يېڭىلىق دېگەندەك مەزمۇنلار بىلەن سىلەرنى يەنىلا قارشى ئالىمەن. چۈنكى مېنىڭ بۇ تاللىشىم سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق دەپ قارايمەن. شۇڭا بۈگۈن ئايفونىڭىز ۋە باشقا ئالما مەھسۇلاتلىرىڭىز ئۈچۈن App Store دا ئەسلى ھەقلىق بولغان، لېكىن 1~2 كۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىدىغان پەچەت ئويۇنلارنى قانداق ئىزدەپ تېپىش، دەل شۇ ۋاقتىدا ھەقسىز پايدىلىنىشقا دائىر ئەپچىل چارىلەرنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن. بۇنى ئۆگىنىۋالسىڭىز مېنىڭ كۈندە سىلەرگە بۇ يەردە تەۋسىيە قىلىپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. بۇلارنى بىلىۋالسىڭىزلا ئۆزىڭىز قول تىقىپ پەچەت ئويۇنلاردىن ھەقسىز ھوزۇر ئالالايسىز.

ئاۋال ئازراق سەپسەتە ساتاي. مەن ئەزەلدىن دەيدىغىنىم، 91 غا ئوخشاش ئەخلەتچى چوماقچىلارنى ئاز ئىشلىتىش ياكى ئىلاج بولسا ئىشلەتمەسلىك. بۇ پىشقان ئايفونچىلارنىڭ ئورتاق قارىشى. راس، 91 دەسلەپتە ئايفون ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن بەزى قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەچكە ھەممە ئادەم دىگۈدەك بۇ ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتىشى مۇمكىن. لېكىن سىز 91 نىڭ ئايفونىڭىزغا چىتلاپ قويغان ئەخلەتلىرى، پروگراممىلاردىكى بۇزغۇنچىلىق سەۋەبىدىن كەلتۈرۈپ چىققان مۇقۇمسىزلىق، ئەخلەت كۆپ بولۇش سەۋەپلىك ئىجرا بولىشى ئاستىلاپ كېتىش، ئاقىۋەت سېستىمىنى قايتا قاچىلاي دەپ iTunes ئارقىلىق زاپاسلاپ قويماقچى بولغىنىڭىزدا ئۇنىڭغىمۇ ئۇلىيالماسلىق قاتارلىق كىيىن كۆرىلىدىغان ئادەمنىڭ بېشىنى قايدۇرىدىغان مەسىلىلەرگە يولۇققىنىڭىزدا بۇ «قولاي» نەرسىنىڭ ئاخىرىغىچە «قولاي» لىق ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىسىزدە، مۇھىم ئۇچۇر ۋە خاتىرىلىرىڭىز iTunes ئارقىلىق زاپاسلىيالمىغانلىق سەۋەبىدىن غايىب بولغىنىدا بۇنى ئىشلەتكىنىڭىزدىن پۇشايمان قىلىسىز.

ئايفونغا 91 نى پەقەتلا ئۇلىماڭمۇ دېمەيمەن. چۈنكى مەنمۇ 来电秀 دېگەندەك نەرسىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ قويىمەن. ئەگەر مۇشۇ بىر نەرسىنىڭ App Store دا سېتىلىدىغان ھەقلىق نەشىرى بولغان بولسىمۇ پۇلغا ئېلىپ ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكەن بولاتتىم. گەپنىڭ قىسقىسى، ئىلاج بار بۇنىڭغا ئوخشاش ئوغرى نەشىرىدىكى نەرسىلەرنى ئاز ئىشلىتىش، قۇربىتىڭىز يەتسە پەقەتلا ئىشلەتمەسلىك – سىزنىڭ ئايفونىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر. ھەقلىق نەشىردىكى ھەرقانداق پروگرامما ياكى ئويۇنلار ئالما شىركىتىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بوشلۇققا يوللىنىپ بازاردا سېتىلىدۇ. بۇ دېتاللار سىزنىڭ ئايفونىڭىزنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىدۇكى، ئەخلەتكە توشقۇزىۋەتمەيدۇ. iTunes سىزنىڭ ئايفونىڭىزنىڭ ئەڭ ئىسىل رېمونتچىسى. ئۇ سىزگە بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرىدىكى نەرسىنى ئەمەس، باشقا 3-تەرەپ دېتاللىرى بۇزىۋەتكەن نەرسىنى تازىلاش، پاكىزلاش دېگەندەك قولايلىقىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. سىز تۈرمىدىن قاچۇرمىغان، باشتىن-ئاخىر ھەقلىق نەشىردىكى دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكىنىڭىزدە بۇ جانۋارنىڭ تولىمۇ يۇۋاش، كاشىلا ئاساسەن كۆرۈلمەيدىغان ئەڭ مۇقىم تېلفۇن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسىز. شۇڭا يەنىلا دەيدىغىنىم، قۇربىتىڭىز يەتسە ئايفوننى مۇشۇنداق ئىشلىتىڭ. ھەممىگە يۈز كېلەلەيسىز!

ھەقلىق ئويۇننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۇ ئىنتايىن مۇقىم. سېستىمىغا زىيىنى يوق. سىناق ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن. ھېچقانداق تۈرمىدىن قاچۇرۇش ياكى يېشىشنىڭ ھاجىتى يوق. توغرا يول بىلەن ئاددى ئۇسۇلدىلا قاچىلاپ پايدىلىنىسىز. لېكىن ھەقلىق ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ھەق تۆلەپ ئېلىش شەرت ئەمەس. بىر كۈنلەردە مۇشۇ نەرسىلەرمۇ ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ. پەقەت سىز مۇشۇ پەيتنى توغرا تېپىپ چۈشۈرەلىسىڭىزلا … تېمىغا قايتىپ كەلسەك، ھەقسىز ئويۇنلارنىڭ مەنبەسىگە ئېرىشىشنىڭ بىرقانچە يولى بار.

Free App a day

بۇنىڭ بىرىنجىسى، سۈپىتى ياخشىراقى ۋە داڭلىقراقى ئىسمى Free App a day دەيدىغان بىر تەشكىلات. بۇلارنىڭ ئىش پرىنسىپى بولسا كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ تور بېتىگە چىقىپ بىرەر ئەپ (ئويۇن ياكى پروگرامما) نىڭ ھەقسىز بولىشىنى تىلەپ تىلەك يېزىشىدۇ. ئاندىن ئۇلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق تىلىكى ئەڭ كۆپ بولغان (يەنى ئەڭ كۆپ كىشىلەر ھەقسىز بولىشىنى ئۈمىد قىلغان) ئەپنىڭ ياسىغۇچىسى بولغان كىشى ياكى شىركەت بىلەن ئالاقە قىلىدۇ. ياسىغۇچىدىن بۇ ئويۇننى بىر كۈن ھەقسىز قىلىپ تارقىتىپ بېرىشىنى ئۆتۈنىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا بىزگە ئوخشاش ئويۇنخۇمارلار ئەڭ ئوبدان پايدىغا ئېرىشسەك ياسىغۇچى شىركەت بولسا كۆپلەپ چۈشۈرگەنلىك سەۋەبىدىن چۈشۈرۈش مىقدارى جەھەتتە رەتكە تىزىلغاندىكى پايدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چۈشۈرۈپ بولۇپ باشقىلارنىڭ بەرگەن باھاسىنى پايدا ئالىدۇ. ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەندە بولسا بۇ ئويۇن ئاللىقاچان ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن ئويۇنلار قاتارىغان چىقىپ بولغان، نۇرغۇن كىشىلەر 4 ياكى 5 يۇلتۇز باھا بېرىپ بولغان بولىدۇ-دە، ئويۇننىڭ داڭقى چىقىپ بولغاندىن كىيىن كىيىنكى قەدەمدە ھەقلىق سېتىشقا باشلايدۇ. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش.

بۇ تەشكىلاتنىڭ تور بېتى : http://www.freeappaday.com/

يۇقارقى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈش بەلكى سىز ئۈچۈن بىر ئاز مۈشكۈل كەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئادرىستىن مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ياسىغان، ھەر كۈنى ھەقسىز ئويۇننى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سىزگە ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان ئەپنى ئالما بازىرىدىن چۈشۈرىۋېلىڭ.

http://itunes.apple.com/cn/app/freeappaday-store-paid-apps/id409147624?mt=8

بۇنىڭ باھاسى 1 دوللار. سىز ھازىر 1 دوللارغا بۇنى سېتىۋالسىڭىز بۇ سىزگە نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈز دوللارلىق ھەقلىق ئويۇنلارنىڭ ھەقسىز چۈشۈرۈش مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. 1 دوللار دەسمىي بىلەن ھەقلىق ئويۇنلاردىن مەڭگۈ ھەقسىز چۈشۈرۈپ پايدىلىنالايسىز. ئىناۋەتلىك كارتىسى بارلار سېتىۋالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر سىزدە بولمىسا مەن سىزگە ۋاكالىتە ئېلىپ بەرسەممۇ بولىدۇ. 1 دوللارلىق ئەپ 7 يۈەن بويىچە ھېساپلىنىدۇ.

Free App Calendar

بۇنىڭ 2-سى بولسا Free App Calendar بولۇپ، بۇلارنىڭ ئورگان تور بېتى http://www.freeappcalendar.com/ .بۇلارنىڭ ئىش پرىنسىپىمۇ ئۈستىدىكىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئالما دۇكىنىدا مەخسۇس خەۋەرچى دېتالى يوق. شۇڭا ھەقسىز مەنبەلەرنى ئورگان بېتىگە چىقىپ ئىزدەش كېرەك.

Open Feint

3-سى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ئويۇنچىلار سۇپىسى Open Feint . بۇنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەرغۇ دەيمەن. بەزى ئويۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى تال يېشىل يوپۇرماقنىڭ بەلگىسى بار لوگو دەل مۇشۇ شۇ. ئالمىنىڭ ئۆزىنىڭ Game Center گە ئوخشاش دۇنيادىكى چوڭ ئويۇن سۇپىسى. بۇ ئەڭ دەسلەپ چىققان سۇپا. Game Center كىيىن پەيدا بولغان. بۇ سۇپا ئارقىلىق سىز دوسلىشالايسىز. دوسلىرىڭىز بىلەن بىللە ئوخشاش ئويۇننى تورلاشتۇرۇپ ئوينىيالايسىز ۋە ھەمبەھرلىنەلەيسىز دېگەندەك.

بۇ ئۇلارنىڭ ئورگان تور بېكىتىدىكى ئايفون ئۈچۈن ھەقسىز ئويۇن تەمىنلەيدىغان ئادرىسى : http://openfeint.com/ios/free_games

iAppsToday

4-سى بولسا بىر قەدەر كىيىنرەك چىققان، جۇڭگودا كۆپرەك ئىشلىتىلىۋاتقان خەنزۇلارنىڭ iAppsToday نامى بىلەن قۇرۇلغان ھەقسىز ئويۇن تەمىنلەش سۇپىسى. ئۇلارنىڭ ھازىرقى تور بېكىتى: http://www.iapps.im/ بۇلار ئاساسەن ئاشۇ توربەتلەردىكى ھەقسىز ئويۇن ياكى پروگراممىلارنى يىغىپ ئەكىلىپ تور بېكىتىدە تەۋسىيە قىلىپ چىقىرىپ قويىشىدۇ. ئۇلارنىڭ خەۋەرچى دېتالىنى iTunes ئارقىلىق چۈشۈرىۋېلىپ ئايفونىڭىزغا قاچىلىۋېلىپ كىچىكرەك بولسا ئايفون بىلەنلا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. يېڭى ئويۇنلارنى ھەر كۈنى نەچچە قېتىم ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئارقىلىق سىزگە مەلۇم قىلىپ تۇرىدۇ. ئايفون ۋە ئايپەد بولۇپ كۈندە تەخمىنەن 5~10 غىچە ئويۇن يوللىنىدۇ. بۇ بىزگە بىر قەدەر قولاي بولسا كېرەك. بۇلارنىڭ خەۋەرچىسىنى بۇ جاينى بېسىپ چۈشۈرىۋېلىڭ.

مانا مۇشۇنداق. ئەگەر سىز مۇشۇ 4 خىل ئۇسۇل بىلەن ھەر كۈنى قويماي ئاقتۇرۇپ كۈندە 1~2 گىچە ئويۇن ياكى پروگراممىنى قاچىلىغىلى تۇرسىڭىز 2 ئاي ئىچىدە ئايفونىڭىزدىكى ئويۇنلارنى ئويناپ تۈگىتىپ بولالماي قالىسىز. شۇڭا بۇ چارىلەرنى سىزگە قالدۇرۇپ قويدۇم. مېنىڭ ياردىمىمسىز كۈندە ھەقىقىي نەشىردىكى ھەقلىق ئويۇنلاردىن ھەقسىز بەھرلىنەلەيسىز.

بۇندىن كىيىن ئاساسلىقى ئايفوندىكى تېخنىكىلق قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان بولسىڭىز، سورىسىڭىز شۇلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ئەتراپلىق جاۋابىمنى بېرىمەن. بۇندىن كىيىن مېغىزلىق، پايدىلىق بىلىملەر يوللىنىدۇ. بەزى قىممىتى بار ھەقلىق دېتاللار تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شۇڭا ھەقسىز ئويۇن ئەمدى تامام. بۇندىن كىيىن ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى يەنىلا سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلاردا…

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



16 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مېنىڭچىمۇ ياخشى ئويلاپسىز ،بۇنىڭدىن كىيىن پايدىلىق بېلىملەر بولسا ھەممەيلەن تەڭ بەھىرلەنسەك ياخشى ئەمەسمۇ .

    سىزدىن سورايدىغان بىر ئىش بار ئىدى .
    مېنىڭ تىلفۇنۇمدىكى Angry Birds دىگەن ئويۇن بەكلا ئاستىلاپ قالدى ، قوزغاتسام تولا قېتىۋىلىپ ئىچىمى سىقىۋەتتى …
    بۇ تېلىفۇنغا ئويۇننى كۆپ قاچىلىغانلىقنىڭ كاساپىتىمۇ ياكى …….. مۇشۇنى پەقەتلا بىلەلمىدىم ، بولمىسا تېلىفۇنۇمدا ئويۇن كام ئەمەس ئىدى تەخمىنەن 17-18 ئويۇن بار ئىكەن ، لېكىن مۇشۇ ئويۇنغا خېلى يامان ئەمەس كۆنۈپ قالغاندا :o))): ،
    مۇشۇنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز ،،،رەھمەت .

    • بۇ ئويۇننىڭ قايسى نۇسقىسىنى قاچىلىغان ئىدىڭىز؟ 91 ئارقىلىق قاچىلىغان بولسىڭىز تېمىنى كۆرۈپ چىقسىڭىز ئۆزىڭىز جاۋابقا ئېرىشىسىز. يېشىۋېتىلگەن ئويۇن چوقۇم ئەسلىدىكى ھەقىقىي نەشىرىگە ئوخشىمايدۇ.
      ئايفوننىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاپ قېلىشتا سەۋەبلەر ھەرخىل بولىشى مۇمكىن. ئايفون 4 چىققاندىن كىيىن iOS 4.0 سېستىمىسىنى ياساپ چىقىشتى. بۇ سېستىمىدا ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. يەنى ئاستىدىكى يۇمىلاق كونۇپكا Home نى بېسىپ چېكىنسەك پۈتۈنلەي چېكىنمەستىن ئارقا سۇپىغا ئۆتۈپ ئىجرا بولىۋېرىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مۇددەتكىچە ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولىدىغان پروگراممىلار ئاۋۇپ كەتسە ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئىش بېسىمى ئېشىپ كېتىپ تەبىئىيلا سۈرئەت ئاستىلاپ كېتىدۇ. بۇنى ئۆچۈرۈشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى بار:
      قايتىش كونۇپكىسى home نى 2 قېتىم باسسىڭىز ئاستىدا ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولىۋاتقان پروگراممىلار تىزىملىكى چىقىدۇ. شۇ پروگراممىنىڭ لوگوسىنى بېسىپ 1 سېكونت تۇرسىڭىز ھەرىكەتچان لىغىلداپ تۇرغان ھالەتكە ئۆتىدۇ ۋە ئۈستىدە قىزىل سىزىقچە پەيدا بولىدۇ. مۇشۇ قىزىل سىزىقنى بېسىۋەتسىڭىز ئارقا سۇپىدىنمۇ بىۋاستە ئۆچۈپ كېتىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئارقا سۇپىدىكى ئىجرا بولىۋاتقان ھەممە پروگراممىنى ئۆچۈرۈپ چىقىڭ. بەلكى ئۈنىمى بوپقالار. (بۇ ئۆچۈرۈش ئايفونىڭىزدىن ئويۇننى يۇيۇپ تاشلاش دېگەن گەپ ئەمەس، پەقەت ئارقىدا ئىجرا بولىۋاتقان پروگراممىنى ئېتىش خالاس) بۇ مەشغۇلاتنى پات-پات قىلىپ تۇرۇپ ئارقا سۇپىنى پاكىز تۇتۇشنى ئادەت قىلىۋېلىش كېرەك.

  2. مىنىڭ تىلفۇنۇم ئالما 4 بۇرۇن تلفۇننىڭ سۈرئىتى خىلى تىز ئىدى ،بۇگۇن قارسام سۈرئىتى ئاستلاپ قاپتۇ ،رەسىمگە تارتىش ئاپراتىنى ئىشلەتسەممۇ بەك ئاستا ئىچىلدۇ ،بۇ نىمە ئىش بۇنى ئەسلگە كەلتۈرۈشنىڭ ئامالى بارمۇ ياكى بىرەر دىتال قاچلاپ تىلفۇندىكى ئەخلەتلەرنى تازلايمەنمۇ ،مۇشۇنىڭغا بىر ياردەم قىلساڭلار………………….

    • سىزنىڭ سۇئالىڭىزغا ئۈستىدىكى جاۋابمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. يەنە تولۇقلىما بەرسەم، ئايفوننى بىرەر ھەپتىدە بىر قېتىم قايتا قوزغىتىپ تۇرغانمۇ ياخشى. بۇنىڭ ئۇسۇلى ئۈستى تەرەپتىكى تاقاش كونۇپكىسىنى قويىۋەتمەي 3 سېكونت باسسىڭىز «يانغا سۈرۈپ ئۆچۈرۈڭ» دېگەن خەت چىقىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئۆچۈرىسىز.
      ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرغان ئايفون بولسا Cydia دىن كېرەكلىك بولغان نەرسىلەردىن باشقا ئوشۇقچە نەرسىلەرنى قاچىلىمغان تۈزۈك. 91 دىن دېتال قاچىلىمىغان تۈزۈك. بۇلاردىكى نەرسىلەر بەزىدە ماس كەلمەي سېستىمىنى بۇزۇپ قويىشى مۇمكىن. ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەننى سۆزلەۋاتىمەن.

  3. پاسىبان ئەپەندىنىڭ ياردىمىدە ئايفۇندا (ئ)كۇنۇپكىسىنى چىقىرىسنى ئۈگۈنىۋالدىم مانا :cool:
    ھەراست پاسىبان كۇلۇبىنى يانفۇندا زىيارەت قىلغاندا بەت سول تەرەپكە بولۇپ چىقىۋالىدىكەن ھە ….. 

    • سافارى بىلەن خرومدا ئاشۇنداق كۆرۈنىۋالىدىكەن. ئايفوندىكى بەزى مەسىلىلەرنى ئۆزۈم ھەپىلىشىپ يۈرۈپ ھەل قىلالىغىنىم بىلەن تور بەت ياساشقا كەلگەندە قىينىلىپ قالدىم :shy:

  4. 4.3نەشرىگە چۇشەنچە بەرىسڭىز؟iPhone4 3Gs

  5. پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى، تېتىملىق ماقالە بوپتۇ! كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ تېمىغا يەنە كېلىشىم مۇمكىن. :-D

  6. رەھمەت سىزگە، بەك ياخشى ماقالە بوپتۇ، بۇنىڭدا ئۆزىمىزلا يېڭى ھەقسىز ئەپلەرنى چۈشۈرۈۋالالايدىكەنمىز، ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىشمۇ بىر قەدەر ئاسان بولغۇدەك.
    رەھمەت جۇما :vict:

  7. ياووووو…. ماۋۇ ئۈستىدىكىلەرنىڭ ھەربىرىنى بىر بىرلەپ سىناپ باققىلى تۇرۇۋېدىم، ئۆزۈم بەك ياقتۇرىدىغان ئالامەت ئويۇنلاردىنمۇ بىر قانچىنى چۈشۈرۈۋالدىم دېسە…. نىمە قىلىدۇ ئۇ ئەخلەت 91 لاردىن دېتال چۈشۈرۈپ دەيمە، شۇ قەدەر پېچەت ھەقسىزلەر تۇرسا ھە… ھاھاھا… بەك رەھمەت سىزگە پاسىبان، سىزنىڭ ئەجرىڭىزدىن بولدى، ھەممىنى پۇختىلاپ ساقلىۋالدىم.

    سىزدىن بىر ئىشنى سورىسام، مەسىلەن بىز ئايفونىمىزدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىماقچى بولساق قانداق تازىلايمىز، يىلتىزىدىن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولغان دېتاللارنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ئەڭ پاكىز يوقاتقىلى بولىدۇ؟
    بەزى دېتاللار كېرەكسىزدەك قىلسا پاكىزلەش لازىم بولىدىغاندەك قىلىدۇ. سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇق رەھمەت :-D

    • 91 دىن قاچىلىساق ئەخلەتكە توشقىزىدۇ شۇ. AppStore دىن قاچىلىغان نەرسىنى ئۆچۈرۈش بەكلا ئاددى. ئۆچۈرمەكچى بولغان ئەپنى (ئەمەلىيەتتە خالىغان بىرەر ئەپنى) قويىۋەتمەي 2 سېكونت بېسىپ تۇرساق ھەممە ئەپلەر تىترەپ مېنى ئۆچۈرەرمۇ ياكى بىرەر جايغا يۆتكىۋېتەرمۇ دەپ قورقۇپ تۇرىدۇ. دىققەت قىلسىڭىز ئۈستىدە كۆپەيتىش بەلگىسىنى بايقايسىز. شۇنى بېسىڭ، پاكىز ئۆچىدۇ. 91 دىن ياكى Cydia دىن قاچىلىغان ئەپلەرنى ئۆچىرىدىغان ئايرىم ئۇسۇل بار. بۇنى بىلىسىزغۇ دەيمەن. 91 دىكىنى ئۆزىدىن ئۆچۈرۈڭ، Cydia دىكىنى ماۋۇ ئىنكاس بويىچە ئۆچۈرۈڭ /guestbook/comment-page-2#comment-1791
      ئايفوندا ئەخلەت بولمايدۇ. ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز iTools دەيدىغان بىر نەرسە بار. شۇنىڭ 高级功能 دېگەن يېرىدە 清理垃圾 دەپ بىر يەر تۇراتتى. شۇنى بېسىپ تازىلاپ كۆرۈڭ. بىلمىدىم بۇ نەرسە نېمىنى قانداق تازىلايدىكىن.

  8. ۋوي ئاۋۇ 1 دوللارلىق دېتال ھازىر ھەقسىز تۇرىدۇ تىزدىن چۈشۈرۈۋېلىڭلار…. :night: :good:

  9. مەن بىر چاتاق تاپتىممۇ نىمە؟
    پاسىبان بۇرادەر، ئېغىر كۆرمەي ماۋۇ چچ نى 369745458 قوشۇۋالغان بولسىڭىز بوپتىكەن. سىز بىلەن سالاملىشىۋالسام. سىزنىڭ قىممەتلىك چچ ئۇچۇرىڭىزنى بەكمۇ تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن بۇرادىرىم

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.2 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1215 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش