iOS 4.2.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانى
ئايفون يېشىش گورۇپپىسى Chronic Dev Team يېقىندا ئالما مەشغۇلات سېستىمىسى (iOS) نىڭ 4.2.1 نۇسقىسى قاچىلانغان ئايفون، ئايپەد، ئايتاچ، AppleTV 2 (بۇنى RC6 نۇسقىسى يېشەلەيدۇ) قاتارلىق ئالما مەھسۇلاتلىرىنى يېشەلەيدىغان Greenpois0n RC5 نامىدىكى يېشىش پروگراممىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان يېشىش پروگراممىسى ئۆتكەن يىل iPhone Dev Team گورۇپپىسىنىڭ Redsn0w 0.9.6b4 يەشكۈچىسىدىن كىيىن ئېلان قىلىنغان ئەڭ مۇكەممەل يەشكۈچ ھېساپلىنىدۇ.
ئۆزىڭىزنىڭ سېستىمىڭىزغا ماس يەشكۈچنى چۈشۈرۈڭ :
Mac سېستىمىسى ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ (RC5b3)
Windows سېستىمىسى ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ (RC5b2)
DBank تىن چۈشۈرۈڭ (Mac & Windows)
دىققەت : بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ خەتىرى بار. بارلىق ئۇچۇرلىرىڭىز يوقاپ كېتىشى، قۇلۇپى بار نەشىردىكى ئايفون بوپقالسا يېشىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن قۇلۇپلېنىپ قېلىشى دېگەندەك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاۋال ئايتۇنىس ئارقىلىق ھەممىنى زاپاسلىۋېلىڭ. تولۇق چۈشىنەلمىسىڭىز ئەسلى ھالىتىدە ئىشلىتىۋەرگىنىڭىز ياخشى. مەشغۇلات جەريانىدا يۈز بەرگەن ئاقىۋەتلەرگە بىز ئېگە ئەمەس. ئۆزىڭىز ئويلىنىپ كاللىڭىزدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئىشنى باشلىغايسىز.
قۇلۇپى بار ئامېرىكا نۇسقىسىغا ئوخشاش ئايفوننى يەشسىڭىز iTunes ئارقىلىق ئاكتىپلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن AT&T نىڭ كارتىسى بولىشى كېرەك. ئاكتىپلاپ بولغاندىن كىيىنمۇ UltraSn0w ئارقىلىق كارتا تونۇتۇپ بولغىچە مۇشۇ كارتىدا مەشغۇلات قىلىڭ.
مودىم نەشىرىنى يۇقىرىلاتماي كونا مودىم نەشىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېشىدىغانلار چوقۇم TinyUmbrella ئارقىلىق يېشىڭ. بۇ چۈشۈرۈش ئادرىسى : Mac Windows. (بۇ Java مۇھىتىدا ئىشلەيدۇ. شۇڭا جاۋا تور بېتىدىن مۇناسىۋەتلىك ياماقنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.) بايىقى بەتتە SHSH نى زاپاسلاش ئۇسۇلى بار. يېشىش جەريانىدا iTunes نىڭ مودىم نەشىرىنى يۇقىرى كۆتىرىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن Start TSS Server نى بېسىپ iTunes نىڭ مودىم نەشىرىنى كۆتىرىشىنى توسۇپ قويۇش كېرەك.
ھەرقايسى نەشىردىكى iOS 4.2.1 نۇسقىسىنىڭ سېستىما ھۆججىتى چۈشۈرۈش ئادرىسى :
Greenpois0n نىڭ بۇ نەشىرى iOS 4.1 ۋە iOS 4.2.1 نەشىردىكى ئايفون 3GS (قۇلۇپى بار 3GS نى تۈرمىدىن قاچۇرالايدۇ، لېكىن مودىم نەشىرى يۇقىرى كۆتىرىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا كارتا تونىماسلىقى مۇمكىن!)، ئايفون 4، ئايتاچ 2G, 3G, 4G ۋە ئايپەد 1G قاتارلىق ئالمىلارنى يېشىشكە ئىشلىتىدۇ. قۇلۇپى بار نەشىردىكى ئايفون 4 ئۈچۈن بۇ باسقۇچنى ئاۋال بېسىۋېلىڭ. قۇلۇپسىز نەشىردىكىلەر تۆۋەندىكى بۇ باسقۇچتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ.
ئايفوننى TinyUmbrella غا چېتىڭ > Start TSS Server نى بېسىڭ ۋە ئاستىدىكى خەت يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىپ Running دېگەن خەت كۆرۈنگەندىن كىين > ئايتۇنىسنى ئېچىڭ > چۈشۈرۈپ قويغان ئايفون 4 نىڭ 4.2.1 پرىس ھۆججىتى (قۇيرۇقنامى ipsw) نى 恢复 قىلىڭ> TinyUmbrella ئايتۇنىسنى توسۇپ 1013 خاتالىقى كۆرىنىشنى كۈتۈڭ > ئاندىن DFU ھالىتىگە كىرىدۇ > ئاستىدىكى باسقۇچقا ئۆتۈڭ.
سىز بايىقى ئادرىستىن چۈشۈرگەن تەخمىنەن 5 مېگابايت چوڭلۇقتىكى Greenpois0n نى ئىجرا قىلىڭ.
ئەگەر سىز قۇلۇپى بار ئايفون 4 بىلەن ئۈستىدىكى باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن بولسىڭىز DFU ھالىتىگە ئاپتۇماتىك كىرىسىز. ئەگەر قۇلۇپسىز ئايفون ئۈچۈن بىۋاستە بۇ باسقۇچتىن باشلىغان بولسىڭىز سىز يەشكۈچنىڭ يول باشلىشى بىلەن تۆۋەندىكى 3 باسقۇچنى بېسىپ ئۆتۈپ DFU ھالىتىگە كىرىڭ.
ئايفوننى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ ئاندىن ئۆچۈرۈڭ> يەشكۈچ – يېشىل زەھەرنى قوزغىتىڭ ۋە Jailbreak نى بېسىڭ > ئاۋال 3 سېكونت ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى قويۇۋەتمەي بېسىپ تۇرۇڭ > ئاندىن 10 سېكونت ئاستىدىكى يۇمىلاق Home كونۇپكىسىنى ئۆچۈرۈش كونۇپكىسى بىلەن بىللە بېسىپ تۇرۇڭ > ئاندىن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى قويىۋېتىپ يۇمىلاق Home كونۇپكىسىنى يەنە 15 سېكونت داۋاملىق بېسىپ تۇرۇڭ. بۇ جەرياندا يەشكۈچنىڭ كۆزنىكىدە ئوڭ تەرەپتە ۋاقىتنى تەتۈر سانايدۇ. شۇ ۋاقىتقا ئاساسەن بۇ 3 مەشغۇلاتنى ئارقىمۇ-ئارقا قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر Try Again دېگەن خەت كۆرۈنسە DFU ھالىتىگە مۇۋاپىقىيەتلىك كىرەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تاكى كىرگۈچە قايتا سىناڭ.
ئەگەر مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا DFU غا كىرەلىگەن بولسىڭىز Jailbreak نى بېسىپ يېشىشنى باشلاڭ.
يېشىش تاماملانغاندا ئەسكەرتمە كۆرىنىدۇ. بۇ چاغدا سىز Complete نى بېسىپ يەشكۈچنى تاقىۋېتىڭ. ئايفوندىكى بارلىق مەشغۇلاتلار ئاياغلاشقاندا سېستىما نورمال قوزغىلىدۇ. ئەگەر قۇلۇپى بار نەشىردىكى ئايفون بولسا AT&T نىڭ كارتىسىنى سېلىپ تۇرۇپ ئايتۇنىسقا ئۇلاپ ئايفوننى ئاۋال ئاكتىپلاڭ. بۇ چاغدا ئايفون يېشىۋېتىلگەن نورمال ھالەتكە كېلىدۇ.
يېڭىدىن قوشۇلغان Loader بولسا Cydia نى قاچىلاشقا ئىشلىتىدىغان نەرسە. بۇنى ئېچىڭ (ئەلۋەتتە ئايفونىڭىز سىمسىز تورغا ئۇلانغان بولىشى لازىم) ۋە Cydia نى قاچىلاڭ.
Cydia نورمال قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن Loader نى ئۆچۈرەمسىز دەپ سورايدۇ. خالىغانىڭىزنى قىلسىڭىز بولىدۇ. Cydia نى ئېچىپ بارلىق يېڭىلاشلارنى يېڭىلاڭ. ئەگەر سىز:
- قۇلۇپى بار ئايفوننى يېشىش ئۈچۈن تەرتىپ بويىچە Manage دىن Sources نى > Add نى > iphone.tgbus.com/cydia دەپ تولدۇرۇپ Add Sources نى بېسىپ ئىزدەشتىن ultrasn0w نى ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىۋېتىڭ.
- weiphone ۋە tgbus تىكىدەك يېشىۋېتىلگەن ھەقسىز IPA شەكلىدىكى ئويۇنلارنى iTunes ئارقىلىق قاچىلىماقچى بولسىڭىز بايىقىدەك مەشغۇلاتنى يەنە بىر قىلىپ ئادرىس يازىدىغان جايغا كەلگەندە cydia.hackulo.us دەپ تولدۇرۇپ Add Sources نى بېسىپ، يېڭىدىن قوشۇلغان مەنبەدىكى Hackulo.us دېگەننىڭ ئىچىدىن Appsync for 4.0+ نى تاللاپ قاچىلىۋېتىڭ. بۇنى قاچىلىغاندىن كىيىن سىز توردىكى ئوغرى نەشىردىكى ئويۇنلارنى قاچىلىيالايسىز.
- 91 چوماقچىسىغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بەلكى بىۋاستە چېتىپ باقسىڭىزلا ئۇلىنىشى مۇمكىن. ئەگەر نورمال ئۇلانماي قالسا afc2add دەپ ئىزدەپ قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن ئالغان ئايفون 4 نىمۇ يېشىش كېرەكمۇ ؟ يېشىش ئۇسۇلى ئوخشاشمۇ ؟
مەن بۇرۇن نوكىيا ئىشلەتكەن ، ئايفونغا يېڭىلا كۆچتۈم، ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن،
ئىمكان بولسا كومپىوتىرىمنى باشقۇرۇپ ، يېشىپ بەرسىڭىز بولارمۇ ؟
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
پاسىبان جاۋابەن:
فېۋرال 19th, 2011 at 20:43
ھەرقانداق ئايفون بولسا يېشىش چوقۇم لازىم. ئەگەر يەشمەي ئىشلىتىمەن دەيدىغان ئىشىڭىز بولسا ئۇنىڭغا مەيلى. توردىن ھەقلىق دېتالنى پۇل تۆلەپ چۈشۈرۈپ، ئەسلى قائىدە-قانۇنى بويىچە ئىشلەتسىڭىز ھېچقانداق چاتاق چىقمايدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېگەن Cydia غا ئوخشاش خاككىرلار تۈزۈپ بەرگەن نەرسىنى قاچىلاپ ئايفوننى تېخىمۇ رەڭدار قىلغۇسى بارلار قىلىدىغان ئىش. تۈرمىدىن قاچۇرسىڭىز يېشىۋېتىلگەن ئويۇن ۋە پروگراممىلارنى خالىغانچە قاچىلىيالايسىز. لېكىن سىز بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئايفونىنى ئالغان ئوخشايسىز. ئۇلارنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇپلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ قۇلۇپسىز بولغانلىقى ئۈچۈن UltraSnow غا ئوخشاش قۇلۇپ ئاچىدىغان نەرسە قاچىلاشنىڭ ھاجىىتى يوق.
ئايفوننى يىراقتىن كونترول قىلىپ يەشكىلى بولمايدۇ. ئايفون بىلەن ھەپىلىشىپ قىلىدىغان نەرسە ئۇ. ئەگەر قەشقەردە بولسىڭىز بىرەيلەن بار. ئالما دېتاللىرىنىڭ ھەممىسىنى مەندىن ئوبدان بىلىدۇ. سېستىما قاچىلاش، يېشىش، ئويۇن قاچىلاش دېگەندەك ئىشلار ئىنتايىن ئاددى ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن. ئۆزىڭىز ئالاقىلىشىپ شۇ يەردە قاچىلىتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. تېلفۇنىنى ئېلخەتكە يوللاپ قويدۇم.
مەن مۇشۇ تېمىدىكى ئۇسۇل بويىچە ئايفون 4 16 گ ب نى يەشكەن، ھەممە يېرى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ يېشىلگەندەك قىلغان، ئۇيغۇرچە فونت ، قاچىلىدىم، ۋە بىر نەچچە ئويۇن ، كىيۇ كىيۇ قاتارلىقلارنى قاچىلىغان، ، 91 نورمال تونىغان، بەزى نەرسىلەرنى شۇ 91 ئارقىلىق قاچىلىغان، ئاندىن تېلىفۇن سەل ئېغىرلىشىپ قالدى، قايتا قوزغاتسام قوزغىلىپ ئېكراندا « يانغا سۈرۈڭ » دىگەن خەت چىقتى، ئەمما سۈرسەم سۈرۈلمىدى، ئېكران ئىشلىمىدى، شۇنىڭ بىلەن 91 نى قوزغىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرسەم ئوڭشىلىپ نورمال قوزغالغان ئىدى. ئاندىن ئۇچقۇر ماشىنا ئۇيۇنىنى قاچىلىدىم، نورمال قاچىلىنىپ ئوينىغىلى بولغان،
كىيىن يانفۇننى قايتا ئۆچۈرۈپ قوزغاتسام، ئالما ئىسكىلىت لوگو سى چىقىپلا تۇردى ، قوزغالمىدى. شۇنىڭ بىلەن 91 نى قوزغاتسام تونىدى، ھەمدە قاچىلىغان نەرسلەرنى ئۆچۈرىۋەتتىم، ئەمما يەنىلا قوزغىلالمىدى،
شۇنىڭ بىلەن ئاستىدىكى ھوم كونۇپكىىى بىلەن ئۈستىدىكى مەنبە كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ ئايتۇنىسنى قوزغاتسام قوزغىلىپ ئېكراندا ئايتۇنىسقا ئۇلىنىۋاتقان بىر USB سىمنىڭ رەسىمى چىقىپ ئايتۇنىسقا ئۇلاندى، ھەم مەندىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سورىدى، ھە دىدىم، شۇنىڭ بىلەن 3 دانە ھۆججەتنى چۈشۈردى، 624، 48، 14 مىگابايت چوڭلۇغىدىكى 3 ھۆججەت، ئاندىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن دىدى، ھە دىدىم، بىر قاتار مەشغۇلاتلاردىن كىيىن بىر خاتالىق ئۇچۇر كۆرسەتتى، ئايتۇنىس نورمال ئەسلىگە ياندۇرالماپتۇ،
ھازىر يانفۇننى قوزغاتسام ئالما لوگوسىمۇ يوق، پەقەت شۇ ئايتۇنىسقا ئۇلانغان USB بەلگىسىلا چىقىدۇ، يانفۇن ئېچىلمىدى،
قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم، مەسلىھەت بەرسىڭىز.
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
پاسىبان جاۋابەن:
فېۋرال 20th, 2011 at 11:50
سىزنىڭ ئەگەر قۇلۇپلۇق ئايفون بولمىسا بۇ ئەھۋالدا يەنە مۇشۇ تېمىدىكى ئۇسۇل بويىچە سېستىمىنى قايتا يېزىڭ. يازغاندا 更新 ئەمەس 恢复 قىلىڭ. قاچىلاپ بولۇپ ئەڭ ياخشىسى 91 دىن بىر نەرسىلەرنى قاچىلاپ يۈرمەڭ. بۇ پەقەت تەكلىپ. چۈنكى 91 ئارقىلىق قاچىلىغان PXL شەكلىدىكى نەرسىلەر سېستىمىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ. مەنمۇ دەسلەپتە سىزگە ئوخشاش نېمە بولسا 91 نى ئېچىپ ئىزدەپلا قاچىلايتىم. ھازىر بەزىبىر ئىشلەتمىسەم بولمايدىغان ئىش بوپقالسا 91 نى ئېچىپ قالىمەن. بولمىسا توردىن IPA ھالىتىدىكى يېشىۋېتىلگەن ئويۇننى چۈشۈرۈپ ئايتۇنىس ئارقىلىق قاچىلايمەن. بولمىسا ھەقسىز ئويۇننى ئىزدەپ شۇنى بىۋاستە AppStore دىن چۈشۈرۈپ قانۇنلۇق ئىشلىتىمەن. بۇنىڭ بىلەن سىستىمىدىن كۆپ چاتاق چىقمايدۇ.
گەپنىڭ خۇلاسىسى سىزنىڭ ئايفونىڭىزنىڭ سېستىمىسىنى چوقۇم قايتا يازىدىغان جايغا كەپقاپتۇ. سىز ئايتۇنىس ئارقىلىق 恢复 قىلىپ ئۈستىدىكى جەريان بويىچە يەنە بىر قېتىم قاچىلاڭ. قاچىلاپ بولۇپ Cydia دىن مۇناسىۋەتلىك ياماقلارنى ياماڭ. ئاندىن ئويۇن ياكى پروگرامما قاچىلايمەن دەپ 91 نى چېتىپ يۈرمەڭ. بولۇپمۇ ئۇنداق چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنى. بۇنىڭ سېستىمىغا زىيىنى بار. ئايفوننىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن 91 دىن نېرى تۇرغان ئەۋزەل.
خۇدا خالىسا ئەتە ئۆگۈن سەل ۋاقىت چىقارسام بلوگىمغا بىۋاستە AppStore دىن چۈشۈرىدىغان پاكىز ئويۇنلارنى پات-پات يوللاپ تۇرىمەن. 1 ئاي ئىچىدە چۈشۈرگەن ئويۇنلارنىڭ جىقلىقىدىن 16 گىگابايت يېرىنىڭ تايىنلىق جايى قېلىشى مۇمكىن تېخى
مەن ئۆيدىكى wifi نى بۈگۈن ئوڭشۇدۇم،قېنى سېستىمىنى بىر كۆتۈرۈپ كۆرەي.ئايفون 3gs نى بىر قېتىم كۆتۈرۈپ باققان.ئەمدى بۇنىمۇ سىناپ كۆرەي.
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]