باش بەت > ئايفون > ئايفونغا مۇكەممەل ئۇيغۇرچە فونت تونۇتۇش ئۇسۇلى

ئايفونغا مۇكەممەل ئۇيغۇرچە فونت تونۇتۇش ئۇسۇلى

2011-يىلى 2- ئاينىڭ 13- كۈنى ئىنكاس يېزىش ئىنكاسلارنى ئوقۇش

نەچچە كۈنلۈك ئالدىراشچىلىقتىن بۈگۈن ئاخىرى تورغا چىققۇدەك ۋاقىت چىقىرالىدىم. نەچچە كۈندىن بۇيان بلوگنى يوقلاپ تۇرغانلارغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. نەچچە كۈن بۇرۇن بىخلان ئەپەندىنىڭ بىلىككە يوللىغان تېمىسىنى كۆرۈپ بۇ تېمىنى بلوگدا تەڭ بەھىرلەنمەكچى بولغان ئىدىم. نەچچە كۈن ئىشلىتىش جەريانىدا، بىخلان ئەپەندىنىڭ تەرجىمە قىلغان تىل بولىقىنى قاچىلىغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى كۆرۈشنىڭ كومپىيۇتېردا كۆرگەندىنمۇ چىرايلىق بولغانلىقىنى بايقىدىم. تۆۋەندە بۇنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

بىخلان ئەپەندى تەرجىمە قىلغان تىل بولىقىنى مەن PXL ھالىتىدىكى قاچىلاش ھۆججىتىنى 91 ئارقىلىق قاچىلاش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇردۇم. بۇنى سىلەرمۇ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ. لېكىن، قاچىلىغاندىن كىيىن سېستىمىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش خەۋپى بولىشى مۇمكىن. (ئايفون 4 نىڭ 4.2.1 سېستىمىسىدا نورمال خىزمەت قىلدى) ئۆزىڭىز دەڭسەپ بېقىپ ئاندىن سىناڭ. لېكىن مەن 3 تېلفۇنغا قاچىلىدىم، باشقا چاتاق يوق.

سىزنىڭ تېلفۇنىڭىز 91 غا ئۇلاقلىق ھالەتتە ئاستىدا بېرىلگەن PXL ھالىتىدىكى قاچىلاش ھۆججىتىنى بىۋاستە چەكسىڭىز تېلفۇنىڭىزغا تىل بولىقىنى قاچىلايدۇ. ئەگەر قايتا قوزغاتمايلا تىل تاللاش دېگەن يېرىنىڭ ئەڭ ئاستىدىن UIG دېگەن تىل تۈرى كۆرۈنمىسە قايتا قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭ. لېكىن مېنىڭ قايتا قوزغاتمىساممۇ كۆرۈندى.

تىل تۈرىنى تاللاپ جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، تېلفۇنىڭىزدا ناھايىتىمۇ چىرايلىق بولغان ئۇيغۇرچە يېزىقنى كۆرىسىز. بۇ ئادەمنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بىخلان ئەپەندىگە كۆپ تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.

تىل بولىقى ھازىرچە مۇكەممەل بولمىغان تىل بولىقى بولغان بىلەن، بىزگە مۇكەممەل بولغان ئۇيغۇرچە فونت تونىتىپ بېرىدىكەن. ھازىرچە بۇ كۆپ قىسىملىرىمىزغا خېلىلا چوڭ خۇشخەۋەر بولىدۇ. ئايفون ئىشلىتىۋاتقانلار ئارا مۇكەممەل ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يوللاشقىلى، تور بەتلەرنى تولۇق ئۇيغۇرچە ھالەتتە كۆرگىلى، تېلفۇن دەپتىرىدىكى ئىسىملارنى بىر-بىرلەپ ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرىۋېلىپ ساپ ئۇيغۇرچە تېلفۇن دەپتىرى قىلىۋالغىلى بولىدىكەن.

خوش، ئەمدى ئايفونىڭىز ئۇيغۇرچە كۆرۈندى. لېكىن ئايفونغا سىز قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچە خەت يېزىشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە. مەن بۇ ئىشتىن ئېلھام ئېلىپ، مەخسۇس ئايفونغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن بىر بەت ياسىدىم. بەتنىڭ ئادرىسى : /u/

سىز بۇ بەتنى ئايفون ئارقىلىق ئاچقاندىن كىيىن ئاستىدىكى بەلگىسىنى (ئەگەر iOs 4.2.1 بولسا بۇ بەلگە سەل ئوخشىمايدۇ. ئۇنى-بۇنى بېسىپ كۆرۈپ بىلەلەيسىز) بسىپ تىزىملىكتىن 添加至主屏幕 نى تاللاڭ. بەت نامىنى <<ئۇيغۇرچە يېزىش>> دەپ ئۆزگەرتىپ <<قوشۇش>> دېگەننى باسساق، ئاساسى ئېكرانغا ئۇيغۇرچە يېزىش دېگەن نامدىكى پاسىبان كۇلۇبىنىڭ تۇغى پەيدا بولىدۇ. سىز ھەر قېتىم بۇنى بېسىپ رامكا ئىچىگە ئۇيغۇرچە يېزىپ، كۆچۈرۈپ چاپلاش ئارقىلىق بۇ ئىھتىياجنى قامدىسىڭىز بولىدۇ.

ئات تاپقۇچە ئېشەك مىن دەپتىكەن، خۇدا خالىسا بىر كۈنلەردە بۇ ئىشلىرىمىز تارىخقا ئايلانغۇسى …

بىخلان ئەپەندى ئەسلى تېمىدا ئيتىپ ئۆتكەن سۆزلەرنى كۆچۈرۈپ ئەكەلمىدىم. تەپسىلاتىنى ئەسلى تېمىدىن كۆرىۋالغايسىز:

http://www.bilik.biz/bbs/thread-23053-1-1.html

PXL ھالىتىدىكى تىل بولىقىنى چۈشۈرۈڭ:

يېشىش پارولى : www.pasiban.com

خەتكۈچ:
  1. 22:57 نىڭ ئارىسىدكى 2011-يىلى 2- ئاينىڭ 14- كۈنى | #1

    مەن تۈرمىدىن قاچۇرغۇم كەلمىدى ما يېڭى تېلېفوننى،ئايتۇنىسقا ئەپ قىلىپ يوللاپ قويساڭلارغۇ ئالمىدىكىلەر بىلەن كېلىشىپ…قىممەت بولسىمۇ چۈشۈرەتتىم جۇمۇ(چىن كۆڭلىدىن تىلەۋاتقان چىراي)

    [بۇ باھاغا پىكىرىم بار]

  2. 23:01 نىڭ ئارىسىدكى 2011-يىلى 2- ئاينىڭ 14- كۈنى | #2

    ئۇنىڭ ئۈچۈن قارلۇقنىڭ ئۆزى ياسىغان ئالمىنىڭ سېستىمىسىغا قوشىۋېتىدىغان نۇسقىسىنى ساقلاش لازىمغۇ دەيمە :evil:
    ئايفوننىڭ بەكرەك مېغىزىنى چاقاي دېسەك تۈرمىگە سولاپ قويمىغان ياخشى جۇما :-D

    [بۇ باھاغا پىكىرىم بار]

  3. 23:11 نىڭ ئارىسىدكى 2011-يىلى 2- ئاينىڭ 14- كۈنى | #3

    ھى ھى ھى…بىرىنچىسىنى بەك مېغىزىنى چېقىپ ساراڭ قىلىپ قويمىساممۇ كېسەل قىپ قويغىلى تاس قالغان ئۆزەملا 3 قېتىمدەك قاچۇرۇپ…رەخمەتلىكنى ئەسلەيمەن….قارلۇق قاچان ئالمىنىڭ سېستىمىسىغا قوشىدىغان ئىشنى قىلا؟ بولۇپمۇ ئۇچۇرلارنى سىڭك قىلىدىغان يېرى بەك نوچىتى كومپىيۇتېردىلا ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئۇچۇر ئويناپ….

    [بۇ باھاغا پىكىرىم بار]

    پاسىبان جاۋابەن:

    بەلكى ئايفون 5 كە قوشامىكى. 2008 دىن بۇيان تەتقىق قىلىشنى باشلاپتىكەن. 3 يىل بوپقاپتۇ

  4. 23:53 نىڭ ئارىسىدكى 2011-يىلى 2- ئاينىڭ 14- كۈنى | #4

    تېخنىكىلىق سەۋىيەنىڭ تۆۋەنلىكىمىكەن ياكى نىمىشقا بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ؟ سورىي قۇسۇر تاپقىنىم ئەمەس بەكلا كۆڭۈل بۆلىمەن بۇ ئىشقا….
    رەخمەت.

    [بۇ باھاغا پىكىرىم بار]

    پاسىبان جاۋابەن:

    بۇ توغرىسىدا ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن. ئىشقىلىپ كۈچ مەنبەسى ئاز بولغان شارائىتتا بىر سېستىمىنى پۈتۈنلەي تەرجىمە قىلىىپ نەشىر قىلدۇرۇش ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇلار ھېلىمۇ كۈچەۋاتىدۇ…

  5. 00:20 نىڭ ئارىسىدكى 2011-يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى | #5

    ئۇلارغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن….

    [بۇ باھاغا پىكىرىم بار]

  6. قۇربان .ئۇلباس
    17:16 نىڭ ئارىسىدكى 2011-يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى | #6

    بۇ يېڭىلىق راستمۇ ؟ مەن ئىشەنمەيلا قىلىۋاتىمەن. مىنىڭ تېلپۇنۇم نوكىيا 5233 تىپلىق ئەقلىپۇن .مەن بۇ دىتالنى ئىشلىتەلەرمەنمۇ؟

    [بۇ باھاغا پىكىرىم بار]

    پاسىبان جاۋابەن:

    تولىمۇ ئەپسۇس. بۇ پەقەت ئايفون ئۈچۈن. ئەقىلفونغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش كونا بوپقالغاندەك ئېسىمدە. بىلىككە بىر قاراپ باقسىڭىز بولىدىغان ئوخشايدۇ.

  7. ئابدۇللا
    12:41 نىڭ ئارىسىدكى 2011-يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۈنى | #7

    مېنىڭ تېلفونىمنىڭ سېستىمىسى 4.0.1 .ئىدى،ئاساسى ئېكراندا ئۇيغۇرچە كۆرۈنمىدى،لېكىن تەڭشەش نىڭ ئىچىدىكى بىرقىسىم يەرلەر ئۇيغۇرچە كۆرۈندى.سېستىمىنى كۆتۈرسەم بولغۇدەك قارىغاندا. :cry2:

    [بۇ باھاغا پىكىرىم بار]

    پاسىبان جاۋابەن:

    بۇ تېخى پۈتۈن مۇكەممەل ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئەمەس ئەمەسمۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. بىخلان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ بولاق پەقەت ئايفون 1 گىلا ماس كېلىدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ ئىنتايىن ئاز يەرلەرنىلا تەرجىمە قىلىپ باققان بولاق. ئۇيغۇرچە فونت نورمال چىرايلىق كۆرۈنگەندۇ ئىشقىلىپ؟

  8. ئابدۇللا
    00:02 نىڭ ئارىسىدكى 2011-يىلى 2- ئاينىڭ 17- كۈنى | #8

    خەتنىڭ كۆرۈنىشى ئىنتايىن چىرايلىق ھەم نورمال.

    [بۇ باھاغا پىكىرىم بار]

    پاسىبان جاۋابەن:

    ھە، ھازىرچە مۇشۇ بولسا بولدى دەپ مەنمۇ خەنچە تىلنى تاللىۋالدىم. مېنىڭ بۇنى قاچىلىشىمدىكى مەقسىتىممۇ ئاساسەن ئايفونغا چىرايلىق ئۇيغۇرچە فونت تونىتىش. مانا مۇشۇ ئىنكاسنىمۇ ئايفوندا يېزىۋاتىمەن. خەتلەر شۇنداق چىرايلىق. بۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تەرجىمە قىلىنمىغان يەرلەر كۆپ ئىكەن. ئۇ جايلار ئېنگلىزچە چىقىۋالىدىكەن. يەنە كېلىپ نورمال خەتتىكىسى ئەمەس. ھازىرچە مۇشۇنداق ئىشلىتىپ تۇرمايمىزمۇ؟

  9. چۈش
    07:46 نىڭ ئارىسىدكى 2011-يىلى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى | #9

    پاسىبان ئەپەندى يەنە سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم
    سىز دىگەن تور بەتكە چىقىپ ئۇيغۇرچە يازسام بولدى لېكىن شۇ بەزى ھەرىپلەرنى قانداق بېسىشنى ئەسكەرتىپ قويماپسىز
    مەسىلەن: ئ ف گ خ ج ۆ مۇشۇ ھەرىپلەرنى قانداق باسىمىز شۇنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز. ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم

    [بۇ باھاغا پىكىرىم بار]

    پاسىبان جاۋابەن:

    كومپىيۇتېرغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى بىلسە بۇنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ دەپ دېمىگەن ئىكەنمەن. سىز دېگەن ھەرپلەرنىڭ ھەممىسىنى كومپىيۇتېردا Shift نى بېسىپ چىقىرىسز، شۇنداققۇ؟ ئايفوندىمۇ ئوخشاش. ئايفوندىكى Shift نىڭ ئىسمى يېزىلمىغان خالاس. ئايفون كونۇپكا تاختىسىنىڭ سول تەرىپىگە قارىسىڭىز ئۈستىگە قارىتىلغان بىر ئىستىرىلكا بار كونۇپكىنى كۆرىسىز. ئاشۇ Shift شۇ. شۇنى 1 بېسىپ قويسىڭىز رەڭ ئۆزگىرەيدۇ. بۇ چاغدا خالىغان كونۇپكىنى باسسىڭىز شۇنى Shift بىلەن باسقان بولىسىز.
    ئ ھەرىپى كومپىيۇتېردا قايسى كونۇپكىدا چىقىدۇ؟ ئايفوندىمۇ ئوخشاش! ئايفون كونۇپكا تاختىسىدىكى 123 دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ نومۇر ۋە تىنىش بەلگىلىرى تاختىسىغا ئالماشتۇرۇپ، يانتۇ سىزىق / نى تېپىپ شۇنى باسسىڭىز بولدى. بۇ تەخمىنەن 2 دېگەن كونۇپكىنىڭ ئاستىدا.

  1. نەقىل يوق.
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

Switch to our mobile site