باش بەت > ماشىنا > يېڭى پاجانى ئىتالىيەدىكى زاۋۇتى ئەتراپىدا پەيدا بولدى

يېڭى پاجانى ئىتالىيەدىكى زاۋۇتى ئەتراپىدا پەيدا بولدى

2011-يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى ئىنكاس يېزىش ئىنكاسلارنى ئوقۇش

پاجانىنىڭ يېڭى ماشىنىسى C9 ھەققىدە نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر تېما يوللىغان ئېدىم. بۈگۈن توردا بۇ ماشىنىنى يولدا سىناق قىلغان چاغدا ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىۋالغان كۆرۈنىشى ئېلان قىلىنىپتۇ.

ئەسلىدە تەيۋەندىكى بىر تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى يۇتيۇبتىكى بۇ فىلىمنى خەۋەر قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئەسلى فىلىمنى ئىتالىيەلىك تورداش NM2255 يۇتيۇبقا يوللىغان ئىكەن.

پاجانىنىڭ بۇ يېڭى چاپقۇرىغا مېرسدېس بېنزنىڭ AMG سپورت تەتقىقات بۆلۈمى ئالاھىدە ياساپ بەرگەن V12 ماتور سەپلەنگەن. ئات كۈچى 700 دىن ئارتۇق. تولغىنىش مومېنتى 102 كېلوگرام.مېتىر

پاجانىنىڭ زوندا دەيدىغان بىر ماشىنىسى بولىدىغان. 2005-يىلى بېيجىڭدا 864،000 دوللارغا كېلىشىپ سېتىلغان. شۇ چاغدىكى خەلق پۇلىغا سۇندۇرساق 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىدى. شۇ قېتىملىق سودىدىن كىيىن پاجانى دېگەن بۇ ماركىنىڭ جۇڭگودىكى بىردىنبىر ماشىنىسى بولۇپ قالغان.

  1. شاھزادە
    21:18 نىڭ ئارىسىدكى 2011-يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى | #1

    بۇ ماشىنىنىڭ سۈرئىتى ھەقىقەتەن تىزكەن، لىكىن «پاسىبان» تورىنىڭ يىڭىلىنىش سۇرئىتىگە يەتمەيدىكەن. قاندا دىمىدىم :o))):

    [بۇ باھاغا پىكىرىم بار]

  2. 21:44 نىڭ ئارىسىدكى 2011-يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى | #2

    دوستۇم مەن كەسپىي جەھەتتىن بۇ فىلىمنى باھالىسام سۈرەتنى دىگەندەك ياخشى ئالالماپسىز…(چاقچاق)

    بىلوگىڭىز بەك پىچەتكەن جۇمۇ…دائىمىي كۇرسانىت بولۇپ قالدىغاندەك تۇرىمەن…داۋاملىق ياخشى يازمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!!!

    [بۇ باھاغا پىكىرىم بار]

    پاسىبان جاۋابەن:

    ئىزدىنىشتىكى زىلتار ئوخشىمامدۇ بۇ؟ قارشى ئالىمەن!
    مونوسى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان سۈرەت. قولدا بار نەرسە بىلەن ئالالىغىنىچە ئالىدىغان گەپ. ئەلۋەتتە ھوللىۋوتنىڭ فىلىملىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ-دە! :-D

  1. نەقىل يوق.
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

Switch to our mobile site