نەسىر- شېئىر – پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى http://www.pasahet.net Fri, 04 Nov 2016 04:54:31 +0000 ug-CN hourly 1 سەددىچىنگە سەپەر ?p=12071 ?p=12071#respond Thu, 11 Dec 2014 09:44:13 +0000 ?p=12071

سەددىچىنگە سەپەر

 

بايىن بولو (مانجۇ)

 

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

(بۇ نەسىر «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2014- يىللىق 6- سانىدا ئېلان قىلىنغان) 

ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى: بايىن بولو، مانجۇ، 1965- يىلى لياۋنىڭ خۇەنرېندا تۇغۇلغان، 1980- يىلى ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. « ھەسرەتلىك تۆت كىشىلىك كۈي»، «ئەجدىھا يىلى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 200 مىڭ خەتلىكتىن ئارتۇق پوۋېست، ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان.

1

قەلبىمدىكى ئارزۇلارنىڭ ھامان بىر كۈنى رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى كۈتۈپ كېلىۋاتقىنىمغا تالاي يىللار بولغانىدى. بىر خىل ھەسرەتنىڭ ھامان قەلبىمنىڭ تېرەن جايلىرىدا يۇشۇرۇنۇپ كېلىۋاتقىنىغىمۇ ئۇزۇن يىللار بولغانىدى. . . بۇ ئارمانلار گويا سەھرا كۈيلىرىگە ئوخشاش قەلبىمنى ھەسرەتلەردىن يىراقلاشتۇراتتى، بۇ ئارمانلار مەرھۇم ئانامنىڭ بارغانسېرى ياڭراقلىقىنى يوقىتىۋاتقان بوغۇق ئاۋازىغا، كۈلكە پارلاپ تۇرغان چېھرىگە تېخىمۇ ئوخشايتتى! بۇ ئالەمدە تۇرۇپ تەنھالىقى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئاشۇ ئارمانلىرىم بىر خىل ئازابقىلا ئوخشايتتى؛ ئۇ ئازابلارنى تۈگەل تارتۇق قاپلىغان ساقايماس كېسەلگە تەققاسلاشقا بولاتتى. تالاي يىللار ئۆتتى. . . تالاي يىللاردىن بېرى ۋۇجۇدۇمنى چىرماپ كەلگەن بۇ كېسەلنى ھامان كۈلكەم ئارقىلىق نىقابلىماقچى بولاتتىم، لېكىن ئۇنداق قىلالمايتتىم. كۈلكىلىرىم ساختا ئىدى، گويا ئۆتكۈر پىچاقنى ئەسلىتەتتى، ئاشۇ ئۆتكۈر پىچاقتا تىلغىنىپ قانلار شۇرۇلداپ ئاققان قەلبىمدىن يۇمران گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلاتتى. «سۈيجوڭ» دېگەن بۇ ئىسىم قەلبىمدە يالتتىدە چاقنىغان ھامان يۈرەكلىرىم جىددىي تېپىچەكلەپ، قەلب تارلىرىم لەرزىگە كېلەتتى. گويا ئۇزۇندىن بۇيان قەلب خانەمدە بېسىلىپ تۇرغان شېرىن ئۇيقۇغا ياكى ئون نەچچە يىلنىڭياقى ئاستا- ئاستا چىگىچلىشىپ كەتكەن توڭگىلەككىلا ئوخشايتتى. مانا ئەمدى بۇ توڭگىلەكنىڭ ئاخىرى يېشىلىدىغان پەيتى كەلگەنىدى. مەن گىرىمسەن تۇيغۇلار ئىلىكىدە ئۇنىڭ مىسكىنلىك ۋە ھەسرەت قاپلىغان، تۇرۇپ قوپال، تۇرۇپ مۇلايىم تۇيۇلىدىغان ھىدلىرىنى ھىدلايتتىم. سۈيجوڭدىكى سېپىل ھامان مېنىڭ بۈيۈك ئارزۇ- ئارمانلىرىمنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەيتتى؛ تارىخ دەرسلىكىدىن تاشقىرىقى بىر خىل مىسكىن روھلار ئىچىدە لەيلەيتتى. مانا ئەمدى ئۇ يەتتە گەز ئېگىزلىكتىكى بوي- بەستىمدە، شىددەت بىلەن ئۇرغۇۋاتقان تومۇرلىرىمدا ئۆز ئارا تىركەشمەك بولاتتى. گويا قەدىم زاماندىكى باھادىر پالۋانلار بېشى تېنىدىن جۇدا بولىدىغان پەيتتە كۆككە قاراپ دەھشەتلىك نەرە تارتقاندەك قاتتىق چوقان سالماقچى بولاتتى؛ بۇ چوقانلار دەھشەتلىك بوران، شىددەتلىك دولقۇنلارنى يېرىپ، پەسكەشلىك قاپلىغان زېمىن- دالىلارنى چاقماق تېزلىكىدە سىيپاپ ئۆتۈپ قۇلاقلىرىمنى پاڭ قىلىپ، مېنى گويا قاققان قۇزۇقتەك تۇرغان جايىمغا مىقلاپ، ئۈنسىز ياش تۆكۈشكە مەجبۇلىماقچى بولاتتى. . .

2

يولغا چىقىدىغان چاغدا ئۇلارغا پەرۋا قىلمىدىم، مەن بۇنى ئۆزۈمنىڭ سەددىچىنىگە قىلغان سەپىرىم دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم! سەپەرداشلىرىمنىڭ يولبويى توختىماي ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىشلىرى، ئەر- ئاياللارنىڭ بىر- بىرىنى كەلتۈرگەن ھەزىل چاقچاقلىرىدىن پۈتكۈل ۋاگون قىقاس- چوقانغا، جۇشقۇنلۇققا تولغانىدى. لېكىن مەن ئۆزۈمنى يەنىلا تولىمۇ تەنھا، غېرىپ، مىسكىن ھېس قىلاتتىم، «پويىزغا چىقسىلا ئۇيقۇغا دۈم چۈشىدىغان، پويىزدىن چۈشكەن ھامان ئۇنى- بۇنى رەسىمگە تارتىدىغان» مەززىسىز ئىشلاردىن بىزار ئىدىم؛ ئۆزۈم يالغۇز يۈرۈشكە، خىيال سۈرۈشكە ئامراق ئىدىم. بۇنىڭدىن ئېيتقۇسىز ھوزۇرغا چۆمۈلەتتىم. مانا شۇ تاپتىمۇ چاك- چاك يېرىلغان كونا سېپىل- تاملارنىڭ تۈۋىدە ئۆزۈم يالغۇز تۇراتتىم، ئاسماندىكى ئاي- يۇلتۇزلار بىلەن خىيالەن پىچىرلىشاتتىم؛ سەھەردە كۆتۈرۈلگەن شەپەققە چۆمۈلگىنىمچە يۈرىكىمنىڭ دۈپۈلدەشلىرىگە، تىنىقلىرىمغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قۇلاق سالاتتىم. كۈز شامىلىنىڭ ئاسمانغا بوي سوزغان بىنالارنىڭ بۇلۇڭلىرىنى سىيپاپ ئۆتكەندىكى ھۇشقۇيتقان ئاۋازىدىن شۇ ھامان ئەكس سادا پەيدا بولاتتى؛ تالاي قېتىملاپ نەچچە كۈنگىچە توختىماي ياغقان قېلىن قار دەستىدىن ئېتىۋېتىلگەن قاراۋۇلخانا ئېغىزلىرىدا قىشنىڭ مۇدھىش سوغۇقى قۇترايتتى. . .

ئەزەلدىن ئۆزۈم يالغۇز مېڭىشقا ئامراق ئىدىم. مەن جىمغور ھەم خىيالچان ئادەم ئىدىم. گاھىدا نېمىدۇر بىر ئىشلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىۋاتقاندەك ئۆزۈم يالغۇز جىممىدە ئولتۇرۇپ كېتەتتىم، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمە ئويلىمايتتىم. چوڭقۇر خىيالغا چۆككەندەك ھالەتكە كىرىۋېلىش تولىمۇ كۈلكىلىك ئىدى. گاھىدا ۋۇجۇدۇمنى بىر قەپەز ھالىتىگە كېلىپ قالغاندەك، ئاشۇ قەپەز ئىچىگە مەھكۇم بولغان روھىم گويا ئىس- تۈتەك، چاڭ- توزانلاردەك ئۇستىخان- سۆڭەكلىرىمنىڭ ئۈگە- ئۈگىلىرىدىن، ئاراچ- ئاراچلىرىدىن سىرغىپ چىقىپ كۆزنى- يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالەمنىڭ ئۇ چېتىگە ئۇچۇپ كەتكەندەك ھېس قىلاتتىم.

سەددىچىن سېپىلى بېشىدىن ئىسىق- سوغوقلارنى، كۈلپەتلەرنى جىق ئۆتكۈزگەن بىر بوۋاينىڭ نەق ئۆزى ئىدى، ئۇ مىڭ يىل مۇقەددەم ئاشۇ جايدا قەد كۆتۈرگەن ئىدى. ئۇ مېنىڭ قىرانىغا يەتكەن بىر شائىر بىلەن مۇڭدىشىشىمنى كۈتمەكتە ئىدى. گويا بىر خىل تەقدىر- قىسمەتتەك، گويا بىر ھېكايىنىڭ كولمىناتسىيە، تۈگۈن قىسىمىدەك، ئۇ دەل مۇشۇ پەيتتە ماڭا بىرەر نەرسىدىن تەلىم بەرمەكچىدەك قىلاتتى. بۇ مەئىشەتلىك يىللاردا ماڭا ھاياتنىڭ سوۋغاتلىرىنى ھېس قىلدۇرماقچىدەك، ئىچكى دۇنيارىمغا ھەقىقىي يۈزلەندۈرمەكچىدەك، تارىخ ئۈستىدە ئىدراكىي يوسۇندا ئويلاندۇرماقچىدەك قىلاتتى. ئەمما تارىخ قېرى پېرىخونغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلەپ، ئەسەب- نېرۋىلىرىنى بىھۇش قىلىپ قوياتتى، تارىخ بەئەينى بىر ئالدامچىلىق ياكى بىر گۇناھ- مەئىسەتنىڭ ئۆزى ئىدى. تارىخ بەلكىم ناز- كەرەشمىلىرى بىلەن ئەر كىشىنىڭ جېنىنى ئالىدىغان پاھىشەگىلا ئوخشايتتى. 50 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغۇچە بىر توغرا قارار چىقىرىشنى ئۈمىد قىلاتتىم، لېكىن بۇنىڭ ناھايىتى تەس ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم.

3

سۇيجوڭدا مەن ئاۋۋال توققۇز قۇۋۇق ئېغىزىدىكى سۇ ئۈستى سېپىلىغا چىقتىم. ئۇنى سۈيجوڭدىكى ئەڭ مۇھىم ساياھەت نۇقتىسى دەپ ئاڭلىغانىدىم، ئۇنى سەددىچىن سېپىلىدىكى سۇ ئۈستىدىن ئۆتىدىغان بىردىنبىر مۇھىم قورغان دېيىشكىمۇ بولاتتى، ئۇ مەنزىرىسىنىڭ تولىمۇ قالتىس، ھەيۋەتلىكلىكى بىلەن كىشىنىڭ ئەس- ھۇشىنى ئالاتتى.

تومۇز ياز پەيتى بولغاچقا بىز بارغان چاغدا ساياھەتچىلەر قۇمدەك كۆپ ئىدى. يەنشەن تېغى تىزمىسى يىلانباغرى سوزۇلغان ئىدى، شىددەت بىلەن ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان جۇجياڭ دەرياسى سۈيجوڭدىكى لى جياباۋ يېزىسىنىڭ شىنباۋزى كەنتىنى قاپ ئوتتۇرىدىن ئىككىگە ئايرىپ تۇراتتى. بەختكە يارىشا بۇ قەدىمىي سېپىل قېرى كالىنىڭ دۈمبىسى دەپ تەرىپلىنىدىغان بۇ خەتەرلىك تىك تاغ بىلەن بىرلىشىپ تارىخىي ۋەقەلەردە دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان بىر مۇھىم ئۆتكەل، مىڭلىغان- تۈمەنلىگەن زەبەردەست ئەرلەر بۆسۈپ ئۆتەلمەيدىغان مۇھىم قاراۋۇلخانىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

مەن يىراقلاردا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاسمانپەلەك بىنالارغا، بىر- بىرىگە روبرو قارىشىپ تۇرغان پوتەي ۋە سېپىللارغا، ئېگىز تاغ، ھەيۋەتلىك چوققىلار ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان چېگرا شەھەرلەرگە، قاراۋۇلخانىلارغا، دۈشمەنلەرگە ئوت ئاچىدىغان ئىستىھكاملارغا نەزەر سالدىم. . . قەلب خانەم لەرزىگە كەلدى، ئۇزۇن يىللار مۇقەددەم بادالىڭ سېپىلىغا چىققان ۋاقتىمدىكى يېڭىچە تۇيغۇلارغا چۆمۈلدۈم. قەدىمدىكى ئەمگەكچان، ساددا كىشىلەر نەقەدەر قالتىس- ھە! تاغ- دەريالىرىنى، يۇرت- ۋەتەنلىرىنى ياۋلارغا تارتقۇزۇپ قويماي مەھكەم ساقلاش ئۈچۈن قانچىلىغان بەرنا قىزلار بۇ قاقاسلىقتا ئائىلىسىدىن، ئىسسىق جانلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ، ئۆي- ماكانسىز قېلىپ سەرسان- سەرگەردان بولغاندۇ- ھە! قانچىلىغان سەردار- سەرۋازلار، سانغۇنلار جەڭدە جېنىدىن جۇدا بولۇپ جەسىتى جاڭگاللاردا قالغاندۇ، قانلىرى دەريا بولۇپ ئاققاندۇ- ھە!

ساياھەتچىلەر توپ- توپ بولۇشۇپ شاۋقۇن- سۈرەن ئىچىدە چۈمۈلىدەك مىغىلداپ يۈرەتتى، ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ كارنىيى يىرتىلىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە چۈشەندۈرۈشلىرى تونۇردەك قىزىق تەپتى بىلەن يەر- جاھاننى قىزدۇرۇپ تۇرۇۋاتقان قۇياش نۇرى ئاستىدا ئىس- تۈتەكتەك ئەتراپقا تارالماقتا ئىدى. ئېغىزلىرىم قۇرۇپ ئۇسسىغاندەك بولدۇم، سېپىلغا داۋاملىق يامىشىۋېرىش قىزغىنلىقىم ئاللىقاچان يوقالغاندەك ئىدى. ئۆزۈم يالغۇز دەرەخ سايىسىدا ئېزىلىپ ئولتۇرۇپ، تۇغ- ئەلەملەر لەپىلدەۋاتقان توققۇز قۇۋۇق ئېغىزى سېپىلىغا نەزەرىمنى ئاغدۇردۇم، كۆز ئالدىمدا ئاجايىپ رەڭدار مەنزىرە جىلۋىلەندى، بۇ مەنزىرە كىشىگە گويا قورۇق يوقىتىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان قېرى مەزلۇملارنى ئەسلىتەتتى.

قەدىمكى كىشىلەرنىڭ بۇنداق ھەيۋەتلىك سېپىلنى روياپقا چىقىرىشى ياتلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىدى، ئەمما ھازىرقىدەك دەۋردە سېپىل ياساش سودا- ساياھەت ئارقىلىق پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلاتتى، بۇمۇ دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ئىدى. بۇ ماڭا يۇرتۇمدا يۈز بەرگەن بىر قىزىق ئىشنى ئەسلەتتى: بىر بېيىغان دېھقان كارخانىچى يۇرتداشلىرىنى شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ پايتەخت بېيجىڭغا سەددىچىن سېپىلىنى كۆرگىلى بېرىش مۇشەققىتىدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى تاغنىڭ ئۈستىگە «سۈنئىي سەددىچىن سېپىلى» سالدۇرۇپتۇ، لېكىن ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ بىمەنە ئىشنى بولۇشىغا ماختاپ، كۆپتۈرۈپتۇ، كىشىلەر بۇنىڭدىن ھاڭ- تاڭ قاپتۇ.

تەلىيىمىزگە چۈشتىن كېيىن شياۋخې دەرياسى ئېغىزىغا باردۇق، ئاندىن چۈيزى تېغىغا، داماۋ تېغىغا چىقتۇق. . .  بۇنىڭ بىلەن لياۋشىغا قىلغان ساياھىتىمگە قايتىدىن مەنە قوشۇلدى، چاڭقىغان قەلبىم ئۇسسۇزلۇققا قانغاندەك بولدى.

4

1381- يىلى بىر توپ لەشكەرلەر شەنخەيگۇەننىڭ شەرقى ۋە جيايۈگۇەننىڭ غەربىدىكى چەت جايلارغا كېلىپ دۇنيادا تەڭدېشى يوق بۇ كاتتا قۇرۇلۇشنى ـــ يەنشەن تېغى تىزمىسىنى چۆرىدەپ يىلانباغرى چېگرا سېپىلى ۋە پوتەيلەرنى سېلىشقا باشلىدى. خۇددى ئاددىي ئاۋام- پۇقرالارنىڭ ئۆز ھويلىسىنىڭ چۆرىسىنى چىت بىلەن قاشالىغىنىغا ئوخشاش ئۆز- ئۆزىنى قوغداش پىسىخىكىسى ھەر بىر پۇقرانىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتكەنىدى. سېپىل ئۇزارتىلىۋېرىش نەتىجىسىدە ناھايىتى ھەيۋەتلىك، ئاۋات شەھەرلەرنى قورشاپ تۇرىدىغان سېپىلغا ئايلاندى. ئۇلار پادىشاھنىڭ پەرمانىغا بويسۇنۇپ، ئەۋلادلارغا بەخت كەلتۈرىدىغان ئون مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سېپىلنى قۇرۇپ چىقماقچى ئىدى. ھالا بۈگۈن بىز شياۋخې دەرياسى ھاۋزىسىدىكى قاقاسلىققا سېپىل بىنا قىلىش ئۈچۈن تەر تۆككەنلەرنىڭ ھېلىھەم كۆكىرىپ تۇرغانلىقىغا، تەر تامچىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ مىس رەڭ يۈز- كۆزلىرىدىن شۇرقىراپ ئېقىپ قويۇق ئوت- چۆپلەرگە، چاتقاللىقلارغا تامچىلىغانلىقىغا  ئىشىنىمىز.

700 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بىر شائىر تولىمۇ روھسىز بىر ھالەتتە شياۋخې دەرياسىغا يەنە كېلىپ، كەچكى شەپەق نۇرىنىڭ ئاداققى يورۇقىدا ئۇنىڭ سولغۇن چىرايىغا قارىدى. كىشىگە سۆرۈن تەسىر بېرىدىغان بۇ قاقاس، شامال دەستىدىن ئۇپراپ بۇزۇلۇپ كەتكەن، ئەمما قەيسەرلىكىنى يوقاتمىغان بۇ ئىستىھكامنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكەن جايلىرى نەقەدەر گۈزەل- ھە! يەردە چېچىلىپ ياتقان كۆك قىشلار، كۈلرەڭ كاھىشلار بەئەينى بىر قۇرۇپ كەتكەن سۆڭەكنىلا ئەسلىتەتتى، يەنە بىر قارىسا تارىخ بېتىدە ساقلىنىپ قالغان كلاسسىك دەستۇرلارنىڭ كەمتۈك بەتلىرىگە ئوخشاش ئەينى يىللىرىدىكى قۇدرەتلىك قۇشۇننىڭ جاسارىتىنى، ئىس- تۈتەك قاپلىغان جاھانلار ۋە ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. تۇرۇپلا كۈچلۈك چاقماق سوققاندەك ئېسەنكىرىپ تۇرۇپلا قالدىم، روھىم گويا كۈچلۈك چاقماق دەستىدە كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغاندەك بىر تۇيغۇ ۋۇجۇدۇمنى بىر لەھزە لەرزىگە سالدى، خېلىغىچە نەپەس ئالالماي قالدىم، ئەمما قەلبىم قەپەزگە مەھكۇم بولغىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغان بىر كۆك قۇشقا ئوخشاش پۈتۈن قەھرى بىلەن بىرلا يۇلقۇنۇپ ئۇچۇپ كەتتى.

گاڭگىراش ئىلىكىدە تۇرۇپ قالدىم، تاغدا ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارىغاي دەرەخلىرى گويا ئەينى زاماندا سېپىل سوققان ئەجدادلارنىڭ سۈرىتىدە تىرىلىپ قەبرىلىرىنىڭ ئۈستىدە كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمۈلۈپ جىممىدە ئولتۇرغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. ئوت- چۆپلەرنىڭ ئارىسىدىكى تومۇزغا، چېكەتكىلەر توختىماي چىرىلدايتتى، دەرەخ شاخلىرىغا قونۇۋالغان قۇشلار گۇگۇلايتتى. قەلبىمدە: «سېنى ساقلاۋاتقان 700 ياشتىن ھالقىغان ئاشۇ بوۋاي بىلەن سىردىشىدىغان پەيتىڭ كەلدى» دېگەن بىرلا سۆزنى تەكرارلىناتتى.

بەلكىم پەقەت مۇشۇ چاغقا كەلگەندىلا 700 يىلدىن بۇيانقى ھېكايە كۆز ئالدىمدا تېخىمۇ روشەنلىشەر، سېپىل سوققان كىشىلەرنىڭ ئازاب- ئوقۇبەتلىرى بىلەن قايغۇ- كۈلپەتلىرى قەلبىمدە تېخىمۇ ئاشكارا بولار.

سەپەر سومكىسى يۈدۈۋالغان بىر تەنھا ساياھەتچى بولۇق ئوت- چۆپلەر قاپلىغان سېپلدىن ئىلدام قەدەملىرى بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، ئۇلار تاغقا تاۋاپ قىلغىلى چىققان كىشىلەرگە ئوخشاش قەلبى يالقۇنجىماقتا ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ چېھرىدە نۇر جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. رەڭگارەڭ كىيىنىۋالغان يەنە بىر توپ قىز- يىگىتلەر كۈلكە- چاقچاق قىلىشقىنىچە سېپىل كۈڭگۈرىلىرىنىڭ ئارىسىدا مۆكۈ- مۆكۈلەڭ ئويناۋاتاتتى. ئۇلار گويا كۈز يامغۇرىدىن كېيىن تولۇق ئېچىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا خازان بولغان قىزىل ياپراقلارغا ئوخشايتتى.

شۇ كۈنى ئاخشىمى بىز شياۋخې دەرياسى ئېغىزىدىكى «سەددىچىن مېھمانخانىسى» غا چۈشتۇق. بۇنى مېھمانخانا دېگەندىن كۆرە ئادەم ئاياغ باسمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان ئاددىي ئۆتەڭ دېيىشكە بولاتتى. بىز بۇ يەرگە ئىيۇل ئېيىنىڭ كىشىنى تىنىق ئالغۇزمايدىغان تومۇز ئىسسىقىدا كۈندۈزدە كەلگەن بولغاچقا ئىختىيارسىز ۋۇجۇدۇمنى ئېيتقۇسىز بىر خىل ئۈمىدسىزلىك چۇلغۇۋالغانىدى، ھەتتا ئىچىمىدە ئوبدانلا ئاغرىنغان ئىدىم. كېيىن ئۆزۈم يالغۇز ئوتتەك قۇياش نۇرىدا دۇكان ئالدىدا سوزۇلۇپ ياتقان سۈيى قۇرۇپ كەتكەن دەرياغا ئۇزۇنغىچە تىكىلىپ قارىدىم، يەرگە ئېڭىشىپ، قۇرۇپ قالغان دەرەخنىڭ بىر تال يىلتىزىنى قولۇمغا ئالدىم، ئەگرى- بۈگرى بۇ يىلتىز بەئەينى بىر ئەجدىھاغىلا ئوخشايتتى، بۇ ماڭا بىر يوشۇرۇن بىشارەتتەك تۇيۇلدى، بۇ ماڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى ساياھىتىمدە ئاجايىپ- غارايىپ ئىشلارغا يولۇقىدىغانلىقىمدىن بىشارەت بېرىدىغاندەك قىلاتتى.

كەينىدىن ئۆزۈم يالغۇز قاغجىرىغان دەريا ساھىلىدىن ئۆتۈپ، ئاقۇچ تاش توسما ئۈستىگە يامىشىپ چىقىپ، قارشى قىرغاقتىكى دۆڭلۈكنىڭ كەينىدە مۆكۈنۈپ ياتقان كىچىك تاغلىق كەنتكە كىردىم. قويۇق دەرەخ سايىسى ئىچىگە پۈركەنگەن بۇ كەنتنىڭ كەينىدىكى تاغ چوققىسىدا ناھايىتى ھەيۋەتلىك بىر تۇرا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. سان- ساناقسىز دۈشمەن ئىستانسىلىرى ئاشۇ ئويمانلىققا يوشۇرۇنغان ئىدى.

ئالدىمغا قاراپ كېتىۋاتاتتىم، ئالدىمدا تۇيۇقسىز بىر ئىت پەيدا بولدى- دە، قاۋىغىنىچە ماڭا قاراپ ئېتىلىپ كەلدى. تەلىيىمگە بىر بوۋاي ئىتنى توۋلاپ توختىتىۋالدى. پاراڭلىشىش جەريانىدا بۇ بوۋاينىڭ نامى جاھانغا تارالغان پالۋان چى جىگۇاڭنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇنى ئاڭلاپ دەرھال بىر تال تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، بوۋاينىڭ چى جەمەتى لەشكەرلىرىنىڭ ئەينى يىللىرى ئىستىھكامنى ياخشى ساقلاپ چېگرانى قانداق قىلىپ ياخشى قوغدىغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىسىگە بىرمۇ- بىر قۇلاق سالدىم.

لوڭچىڭنىڭ ئىككىنچى يىلى (1568- يىلى) دىن مىلادى 1583- يىلىغىچە چى جىگۇاڭ جېجياڭ يىۋۇدىن مۇشۇ يەرگە قوشۇن باشلاپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن، نەچچە ئون يىل مۇشۇ يەردە شەھەر قۇرۇپ سېپىل سوقۇپ، شاچاڭدىكى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكۈچە ئىستىھكامنى چىڭ ساقلىغان. قاقاسلىقتىكى بۇ چېگرا سېپىلى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا قەيسەرلىك ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ روھى بىلەن بىرىكىپ كەتكەندەك قىلاتتى. مەيلى زىمىستان قىش ياكى تومۇز ياز بولسۇن، چۆل- دەشتىلەردە يېتىپ قوپۇش بولسۇن، چېگرانى قوغدىغان ئاشۇ باھادىر ئەزىمەتلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى مانا ھازىرغىچە مۇشۇ يەردە ياشاپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىغا كۆنۈپ كەتكەن شىماللىقلارغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

«ئېيتىلىشىچە، چۈيزى تېغى سېپىلىدا ‹مەزلۇم راۋىقى› دىن ئۈچى بار بولۇپ، ئەينى يىللىرى جېجياڭ يىۋۇدىن كەلگەن باھادىر پالۋانلار شىمالغا سېپىل سوققاندىن كېيىن شۇ يەردە قېپقېلىپ چېگرانى قوغدىغان. شۇ ۋەجىدىن، يىراق جەنۇبتا قالغان ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى سېغىنىش پىراقىدا ئۆرتەنگەن. بەزى ئاياللار بوغجىمىسىنى يۈدۈپ شىمالغا ئېرىنى ئىزدەپ چىققان. شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئايال ئېرى ساقلاپ ياتقان چېگرا كەنتكە كەلگەندە، ئېرى شاچاڭدىكى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ قارا تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئايال شۇنىڭ بىلەن بۇ كەنتە قېپقېلىپ ئېرىنىڭ ئورنىدا ئىستىھكامنى ساقلاش قارارىغا كەپتۇ، شۇ ۋەجىدىن بۇ يەر ‹مەزلۇم راۋىقى› دەپ ئاتالدى. تا بۈگۈنگىچە بۇ پوتەيلەر يەنىلا جاڭ جەمەتى راۋىقى، لى جەمەتى راۋىقى دەپ يادلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ. . .»

بوۋاي سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بىر توپ بۇلۇت قۇياش يۈزىنى توسۇۋالدى، بۇنىڭ بىلەن بوۋاينىڭ چوڭقۇر ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆز جىيەكلىرى كۆرۈنمەيلا قالدى.

5

شۇ كۈنى كەچتە مەن بالدۇرلا ئۇخلىدىم. ئىسسىققا چىدىمىغاچقا ھەممىمىز ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ ئۇخلايتتۇق. ئەجەبلىنەرلىكى، ئادەمنى چېقىپ ئارام بەرمەيدىغان چۇسا، پاشا دېگەندەك نەرسىلەر يوق ئىدى. قاياقتىندۇر بىر يەرلەردىن ئاللىكىملەرنىڭ توۋلاشلىرى، ئىتنىڭ ھاۋشىشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كۈندۈزى بەك ھېرىپ كەتكەچكىمىكىن، ئۆلۈكتەك ئۇخلاپ كەتكەنىدىم، ئويغىنىپ كۆزۈمنى ئاچسام تۈن نىسبى بولغان ئىكەن.

تاغدا ئەتىگەن– ئاخشامدىكى تېمپىراتۇرا پەرقى بەكلا چوڭ ئىدى. ئورنۇمدىن تۇرۇۋېتىپ، ئۈستى– بېشىمغا مۇزدەك سۇ تۆكۈۋېتىلگەندەك بەكلا توڭلاپ كەتتىم. كۈندۈزدىكى ئوتتەك ئىسسىقتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى، كېچە ھاۋاسى گويا كەچكۈزنىڭ ھاۋاسىدەك سالقىن بولغاچقا بەدەنلىرىم يايراپ كەتتى.

كارىۋاتتىن چۈشۈپ تالاغا چىقتىم– دە ، ئۆزۈم يالغۇز دەريا ساھىلىغا كەلدىم. ئاي بەئەينى سۇغا راسا چىلاپ قويۇپ ئاپتاپقا قاقلاپ قويۇلغان پۇچۇق كاھىشقىلا ئوخشاش ئۇ يەر– بۇ يېرىدە بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرگەن كۆكتە ئېسىلىپ تۇراتتى، ئۇدۇلدىكى جۈيزى تېغى گويا ئۈستىگە بىر قەۋەت سىرلىق چۈمپەردە تارتىپ قويۇلغاندەك پايانسىز دالادا جىممىدە قارىيىپ كۆرۈنەتتى. تاغ ئومۇرتقىلىرىدا كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان پوتەي ۋە شىپاڭلار قارىماققا بەئەينى قەدىمقى زاماندىكى پالۋانلارغا ئوخشاش گىرىمسەن ئاي ئاستىدا قەھىرلىك بىر نەزەردە قەد كۆتۈرۇپ تۇراتتى. بىر ئىتنىڭ چۈشەكىگەندەك قاۋىغان ئاۋازىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەتراپ ئۆلۈكتەك تىمتاسلىققا چۆمگەنىدى.

ئايغا سىنچىلاپ نەزەر تاشلىدىم. ئېيتىلىشىچە، مىڭ سۇلالىسىنىڭ نەچچە ئەۋلاد پادىشاھلىرى بۇ يەرنى گۈللەندۈرگەن، سېپىلنى مۇستەھكەملەپ يەنىمۇ ئۇزارتقان ھەمدە مۇشۇ يەرگە مۇھىم بازار تەسىس قىلىپ، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ مەھكەم ساقلىغان ئىكەن. بۇ كېيىنكىلەرنىڭ تەھسىن– ئاپىرىن ئوقۇشىغا ئېرىشكەن ۋە كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە مەشھۇر تارىخي ئابىدە سۈپىتىدە تەرىپلەنگەن. بۈگۈن كېچە چېگرا سېپىللىرى، سېپىلنىڭ كۈڭگۈرىلىرى، ئوقيا ئېتىش پوتەيلىرى تەپەككۇرۇمنى ئېچىپ، يىراق قەدىمكى زامانلارغىچە قاناتلاندۇرماقتا؛ بىر– بىرىگە مىنگىشىپ تۇرغان قاتمۇقات تاغلار، قاقاسلىق ئىلكىدە سوزۇلۇپ ياتقان بىپايان دالا ئۈستىدە سەير قىلدۇرماقتا ئىدى. ئەينى يىللىرى موڭغۇللارنىڭ كىشى قەلبىنى ساراسىمىگە سالىدىغان شىددەتلىك ھۇجۇملىرىنى توسىغان كۆرۈنۈشلەر، كېيىنكى جىن سۇلالىسىنىڭ تۆمۈر تاپىنىنىڭ بۈيۈك مىڭ سۇلالىسىنىڭ چېگرا – پاسىللىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن تىلغاپ چەيلىگەنلىگى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى جۇ يوۋجيەننىڭ شامال سوققان قورايدەك تەشۋىش– ساراسىمىگە چۈشۈپ، جايىدا ئولتۇرالماي قالغانلىقىدەك كارتىنىلار كۆز ئالدىمدىن بىر– بىرلەپ ئۆتتى. . . مىڭ سۇلالىسىنىڭ سېپىلنى پۇختىلاپ ئۇزارتىشى ئاساسلىقى موڭغۇللار ۋە جۇرجىتلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. مانا ئەمدىلىكتە قارىساق، بۇ ئىككى يات مىللەتلەر ئىلگىرى سەددىچىن سېپىلىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى ئىگىلىگەن، ئاتلىرىنىڭ تۆمۈر تۇياقلىرى بىلەن غايەت زور ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرىنى دەسسەپ– چەيلەپ خارابىلىككە ئايلاندۇرغان ئىدى. مانا بۇنىڭدىن سېپىل سوقۇپ قويساقلا ۋەتەن– دىيارىمىز مەڭگۈ تىنچ– ئامان تۇرىدۇ دەيدىغان خىيالنىڭ نەقەدەر گۆدەكلىك، نەقەدەر كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولاتتى .

بۇرۇنلاردا چوڭجېندىنىڭ تەشۋىش قاپلىغان چىرايىنى، ۋۇ سەنگۇينىڭ تايانچىسىزلىق ئىلكىدىكى نالەشلىرىنى، ھەسرەت– نادامەت، ئېيتقۇسىز پىغان تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىنى، پادىشاھ لى چۇاڭنىڭ كۆرۈمسىز ئىڭەكلىرىنى، دورگۈننىڭ كۆرەڭ كۈلكىسى قاپلىغان چىرايىنى يورۇتقان تولۇنئاي مانا ئەمدىلىكتە كەمىنەنىڭ ھەسرەتكە ھامىلدار تەپەككۇرىنى يورۇتماقتا ئىدى.

6

1381- يىلى بۈيۈك سانغۇن شۈدا مىڭ سۇلالىسى پادىشاھى جۇ يۈەنجاڭنىڭ پەرمانىغا بىنائەن يەنشەن تېغىدىكى تۇرشاۋۇل قۇشۇننىڭ 15 مىڭ سەركەردە- سەرۋازلىرىنى باشلاپ جىجېن بازىرىغا كېلىپ سېپىل سوقۇشقا باشلىدى. بۇ قېتىم سوقۇلغان سېپىل يوڭپىڭغىچە ئۇزارتىلىپ، ئوتتۇز ئىككى ئۆتكەلگىچە تۇتاشتۇرۇلدى. گەرچە سەل- پەل ئاددىي، بەزى جايلىرىغا ئەينى يىلى تاغدىن كولانغان قالايمىقان تاشلار ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇلار بىنا قىلغان سېپىللارنىڭ ئۈستىگە تۇنجى بولۇپ پۇختا پوتەيلەرنى ياسىدى. 1572- يىلىغا كەلگەندە جۇرجىتلارنىڭ مىڭ سۇلالىسىگە قارىتىلغان تەھدىتى بارغانسېرى كۈچەيدى، خاندانلىق چى جىگۇاڭنى 3000 مىڭ لەشكەرنى باشلاپ شەنخەيگۈەنگە بېرىپ سېپىل چېگراسىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، پوتەيلەر پۇختىلىنىپلا قالماي ئىچىگە ئوزۇق- تۈلۈك، قورال- ياراغ، زاپاس لەشكەر تۇرغۇزۇلۇپ، ئۆتكەلنى ساقلاپ ياتقان لەشكەرلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

تولىمۇ ئەپسۇس، سەل كېيىن تۇغۇلۇپ قاپتىكەنمەن. بولمىسا ئەينى يىللىرىدىكى جۇرجىتلارنىڭ قۇشۇنىدىكى بىر «باتۇرۇ» غا ياكى چى جەمەتى قۇشۇنىدىكى سەركەردە- سەرۋازلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئەگەشمە لەشكەرگە ئايلىنىپ، كۈندۈزلىرى ئەتراپنى چارلاپ، كېچىلىرى ئۈستى ئوچۇق ئىستىھكاملاردا پوستتا تۇرار ئىكەنمەن. بەزىدە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان گۈلخاننىڭ يورۇقىدا شائىرلىق ئىلھامىم قوزغىلىپ، يۈكسەك نىيەت- ئارزۇلار مۇجەسسەملەنگەن قورول شېئىرلىرىنى قەغەز يۈزىگە پۈتەر ئىكەنمەن. ياكى بولمىسا پىلدىرلاپ ئۆچۈپ قالاي دەپ قالغان پەنەر چىراغنى قولۇمغا ئېلىپ، تۈمەن چاقىرىم يىراقتىكى ئۇرۇق- تۇغقان، يارۇ- بۇرادەرلىرىمنى ئەسلىگەچ، كۆز چاناقلىرىمدىن ئىسسىق ياشلىرىمنى تۆكۈپ، قەلب خانەمدە يىغىلىپ كەتكەن ھىجران ئازابلىرىمنى ئىزھار قىلار ئىكەنمەن. . .

كۆكتىكى ھىلال ئاينىڭ شەكلى بەئەينى ئوقياغىلا ئوخشاپ قالغانىدى. بەلكىم ئەينى يىللىرى قورول تەرەپتىن ئېتىلغان يا ئوقى تا ھازىرغىچە كۆكتە لەيلەپ پەرۋاز قىلىپ تۇرغاندۇ؛ ئەينى يىللىرى غەزەل توۋلاپ قۇچقان نۇسرەتلىرىنى تەنتەنە قىلغاچ بۈركۈت ئاتقان باھادىر قەھرىمانلار ھالا بۈگۈن رىۋايەتلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندۇ. ئەمما رىۋايەتلەرمۇ كونىرىدى: قەھرىمانلارنىڭ روھى چۈشتى، پەرزەنت ئىشقى كۈچەيدى. قەھرىمانلار ياشانغان چېغىدا تولا ياش تۆكىدىغان، ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەت چېكىدىغان بولۇپ قالاتتى، بۇ ھالدىن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ يىغىدىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ قالاتتى. . . ياش ۋاقتىدا قەھرىمانلارنىڭ سان- ساناقسىز رەقىب- دۈشمەنلىرى بولاتتى، كېيىن دۈشمەن- رەقىبلەرمۇ بىردىن- بىردىن ئۆلۈپ تۈگەپ، پەقەت بىرىلا ئېشىپ قالدى، ئۇ بولسىمۇ ئاشۇ قەھرىماننىڭ ئۆزى ئىدى! ئۇ يېڭىش ناھايىتى تەس بولغان رەقىب ئىدى! نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇنداق ئىدى، ئەڭ ئاخىرى بېرىپ ئۆز ئايىغىغا يىقىلاتتى. ئۇ گويا ئورۇقلۇقىدىن بىر تەن بىر ئۇستىخان بولۇپ، تەنلىرى تىتىلىپ تىتما- كاتاڭ بولۇپ كەتكەن قېرى ئاتقا ئوخشاش ئۆزىنى مەڭگۈتاشلارغا باغلاپ قوياتتى. . .

7

ئەتىسى سەھەردە جۈيزى تېغىغا چىقتۇق، بۇ تاغقا چىقىشنى مەن ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇلاپ كېلىۋاتاتتىم. سەھەر سائەت تۆتتە شەرق تامان بېلىق قورسىقىدەك ئاقارغان مەھەلدە تاغ چوققىسىغا چىقتۇق، ئەتىگەنلىك شەپەق نۇرى ئاستا- ئاستا پەيدا بولدى. تاغ ئۈستىنى بىر قەۋەت قىروۋ باغلىغانىدى. ساياھەت يېتەكچىسى بىزنى تاغ چوققىسىغا تۇتىشىدىغان بىر يالغۇز ئاياغ يولغا باشلاپ ماڭدى، يېنىمىزدا قىپقىزىل تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغان سېپىل كۆرۈنۈپ تۇراتتى، مانا بۇ ھېلىقى نامى مەشھۇر چېگرا سېپىلنىڭ ئۇلى ئىدى. بۇ چاغدا تاڭ نۇرى بەئەينى قۇيۇق مانانغىلا ئوخشاپ قالغانىدى، ئەتراپنى قۇيۇق تۇمان قاپلىغانىدى. ئەتراپ شۇ قەدەر بىپايان ئىدىكى، گويا سىياھ تۆكۈپ سىزىلغان غايەت زور رەسىمگىلا ئوخشاپ قالغانىدى. تاغدىن يېنىپ چۈشەشىمىزدە تېخى بايىلا ماڭغان ئەگرى- توغاي تاغ يولى گويا ئاق مەشۈت لېنتىغا ئوخشاش بۈك- باراقسان ئوت- چۆپ، چاتقاللىق قاپلىغان تاغ ئارىسىدا ئۇسسۇلغا چۈشكەندەك لەيلەشكە باشلىدى.

جۈيزى تېخ سېپىلى ئۈچ سېپىلنىڭ مۇشۇ يەردە ئۆز ئارا قوشۇلۇشى بىلەن نامى جاھانغا مەشھۇر ئىدى. بۇ ئۈچ سېپىل غايەت زور ئۈچ ئەجدىھاغا ئوخشاش مۇشۇ يەردە ئۆز ئارا قوشۇلۇپ، سەددىچىن سېپىلىدىكى بىر قالتىس مەنزىرىنى ھاسىل قىلغانىدى.

بىز ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ يول باشلىشىدا تاغدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ تولا مېڭىشىدىن ھاسىل بولغان يالغۇز ئاياغ يولنى بويلاپ ناھايىتى مۇشەققەت ئىلىكىدە كېتىپ باراتتۇق. تاغ چوققىسىنى قاپلىغان ئوت- چۆپلەر ھېلىدىن- ھېلىغا ئۆتەر يولنى توسۇۋالغان ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر دەرەخ شاخلىرىغا قىزىل لاتىلارنى چىگىپ بەلگە سېلىپ قويغان بولغاچقا يولدىن ئېزىپ قالمىدۇق. تاغ يولىدا كېتىۋېتىپ ھېلى يوغان قورام تاشقا ياماشساق، ھېلى تاشتىن ئاتلاپ ئۆتەتتۇق؛ بۇنىڭدىن تورغاي- تۇمۇچۇقلار، ياۋايى ھايۋانلار ئۈركۈشۈپ كېتەتتى. پۈتۈن ئەزايىم چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتى، لېكىن قىلچىلىك ھارغىنلىق ھېس قىلمىدىم. تىمتاسلىق ئىلىكىدە يۈرىكىم تېز- تېز سوقاتتى، گويا دەرخ شېغىغا چىقىۋالغان كۈلرەڭ تىيىنلاردەك ھېلىدىن- ھېلىغا پۇلاڭلايتتى. قويۇق ئورمانلىق ئىچىگە يوشۇرۇنغان بۇنداق تىك قىيا ئۈستىدە مېڭىش كىشىنى جىددىيلەشتۈرۈپ ئېيتقۇسىز ھاياجانغا سالاتتى. يېڭى كۆتۈرۈلگەن ئەزىم قۇياش تاغ چوققىسىغا يېڭىباشتىن ئۆرلىگەن چاغدا بىزمۇ ئاخىرى زەبەردەست پالۋاندەك تىككىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان پوتەي ئالدىغا يېتىپ كەلدۇق.

ئۇ ئۇلىغا كۆك تاش قويۇلۇپ، كۆك قىشتا قوپۇرۇلغان ئۈچ قەۋەتلىك پوتەي ئىدى. خېلىلا ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغىنىغا قارىماي بۇرۇنقى ھەيۋەت- سالاپىتىنى يوقاتمىغانىدى، يەنىلا بۇرۇنقىدەك مەزمۇت ۋە بېجىرىم ھالەتتە ئىدى. گۈل ئويۇلغان تاش قۇۋۇقنى بويلاپ يۇقىرىغا ياماشتۇق، قۇياش ئالتۇندەك ساپسېرىق تال- تال نۇرلىرىنى شەرقىي قۇۋۇقنىڭ ئاراچلىرىىدىن ئىچكىرىگە سېپىپ تۇراتتى، بۇنىڭدىن ياي شەكىللىك تورۇس پارلاپ تۇراتتى. ئەتراپتىكى كۈڭگۈرىلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرغان سىرتتىكى تاغ تىزمىلىرى بىلەن ئورمانلىق گويا بىر پارچە رەڭدار ماي بۇياق رەسىمدەك تۈسكە كىرگەنىدى.

ئۆزۈم يالغۇز بىرىنچى بولۇپ پوتەي ئۆگزىسىگە چىقىپ پەسكە نەزەر تاشلىدىم. لياۋ جېننىڭ چېگرا سېپىللىرى شەرققە سوزۇلغان بولۇپ، گويا ھەسەن- ھۈسەندەك تولىمۇ بەھەيۋەت كۆرۈنەتتى. جىجېن بازىرىدىكى سېپىل يىلانباغرى ھالەتتە غەرب تامان سوزۇلغانىدى؛ پۇتۇم ئاستىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شەنخەيگۈەن سېپىلى ئۇچىسىغا ساپسېرىق ساۋۇت يېپىنچاقلىغىنىچە قاتتىق نەرە تارتقىنىچە تاغنىڭ گىرۋىكىنى بويلاپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان بولۇپ، گويا تارىخىي ئېپوس- داستلانلاردا سۆزلەنگەن ئاشۇ باھادىر- پالۋانلارنىڭ كەينىچە تۇرغان ھالىتىنى ئەسلىتەتتى. شۇ ئەسنادا قىلىچ- زۇلپىقارلار قىنىدىن سۇغۇرۇلۇپ، ئوقيالارنىڭ كىرىچى تارتىلغان، يا ئوقلىرى ئېتىلىپ، قىلىچ- نەيزىلەر بىر- بىرى بىلەن كىرىشىشىدىن ھاسىل بولغان قانلىق مەنزىرە كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى، بۇنىڭدىن بۇغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ، قانلىرىم شىددەت بىلەن ئۇرغۇدى، گويا دەريا كەبى ئاققان قانلارنى، قىر- چاپ، ۋايجان- ۋاييەيلەر ئاڭلانغاندەك بولۇپ، كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى.

جۈيزى تېغى سېپىلىنىڭ چىن تارىخى مېنى ئېيتقۇسىز ھەيران قالدۇردى، ئىختىيارسىز تەھسىن- ئاپېرىن ئوقۇدۇم. لېكىن شۇ تاپتا ئۇلار ئۆلۈكتەك تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى. . .

سېپىل دېمەك ـــ ئۇزۇن تام دېمەكتۇر؛ سەددىچىن سېپىلى دېمەك ـــ تۈمەن چاقىرىملىق ئۇزۇن تام دېمەكتۇر. لېكىن، مەن، جۈملىدىن پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇنى بۇنداق ئاتاشنى خالىمايدۇ. بۇنداق دەپ ئاتاش ئۇنىڭ بۈيۈكلۈكىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. لېكىن قورقۇنچلۇقى شۇكى، ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق!

تالاي زامانلار ئالماشتى، نەچچە مىڭ يىللار ئۆتتى. بىر مىللەت پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىپ، نەچچە ئەۋلاد ئوغۇل- قىز پەرزەنتلىرىنى ئىشقا سېلىپ يىلانباغرى سوزۇلغان بۇ سېپىلنى بىنا قىلدى. بۇنى بىر تارىخىي قىسمەت دەيمىزمۇ ياكى بىر غايەت زور سوئال دەيمىزمۇ؟ ياكى بۇ ئىمكانسىزلىق ئىلىكىدىكى تەقدىر- قىسمەت ياكى تايانچىسىزلىق ئىلىكىدىكى ھەسرەت- نادامەتمۇ؟ قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ قانغا مىلەنگەن تەنلىرى ئۇنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتكەندۇ؟ چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مېڭتيەندىن غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋېيچىڭ، خو چۈبىڭغىچە، تاڭ زوڭزۇدىن تارتىپ تاكى بۈركۈتنى ئوقيا ئېتىپ چۈشۈرگەن چىڭگىزخان، تېمۇچىن، نۇرخاچ ھەمدە خۇاڭ تەيجىگىچە . . . ھەممىسى بىر مەھەل دەۋران سۈرۈپ جاھاننى مالىمان قىلدى ياكى تارىخ رىلىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى ۋە ياكى تارىخى ئۇلارنى ئۆزگەرتىۋەتتى. لېكىن، ھەر قانچە ئالەمشۇمۇل سەلتەنەتمۇ ھامان بېسىقىغا چۈشىدۇ. تەقدىر دېمەك قۇتۇلۇش يولى دېمەكتۇر. ئەقىل- پاراسەت، زېرەكلىك دېمەك كىشىلىك ھايات پەلسەپىسى دېمەكتۇر. ئۇنى سۈكۈت دەپ ئاتىساق بولىدۇ. ھەممىسى ئاخىرى بېرىپ يوقلۇققا ئايلىنىدۇ. لېكىن ۋاقىت ئۆتمۈشكە ئايلانغان جىمى نەرسىلەرنى يىغىپ، كەلگۈسىدىكىلەر ئۈچۈن بىر تېپىشماققا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

8

مۇشۇ كۈنلەردە مەن ھەدېسىلا «مۇشۇنداق بىمەنىلىك قاپلىغان زاماندا يېزىقچىلىق قىلغاننىڭ زادى قانچىلىك پايدىسى بار؟» دېگەن سوئال ئۈستىدە توختىماي خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.

ئاشۇ كۈنى مەن جۈيزى تېغى سېپىلىدىكى پوتەيدە تۇرۇپ «يېزىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرايمۇ ياكى تاشلاپ قويايمۇ، خارابلىشىپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان بىر مىللەت ئۈچۈن يەنە كىم يېزىچىلىق قىلار، يېزىقچىلىق ـــ قەلىب دەرۋازىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان پىنھان يول ئەمەسمۇ» دېگەندەك خىياللارنى سۈردۈم.

شى تيېشېڭ ئەپەندى: «ئەگەر دۇنيادا جەبرى- جاپا، ئازاب- ئوقۇبەت بولمىغان بولسا دۇنيا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرالارمىدى؟ ئاڭقاۋلىق بولمىسا ئەقىل- پاراسەتنىڭ نە ئەتىۋارى؟ بەدبەشرىلىك بولمىسا گۈزەللىكنىڭ نە قىممىتى؟ پەسكەشلىك بولمىسا ئاقكۆڭۈللۈك، ئالىيجانابلىق گۈزەل ئەخلاق ئورنىدا مەدھىيەلىنىپ كۆككە كۆتۈرلەرمىدى؟» دېگەنىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەنىدى: «ئارزۇ- ئىستەكنى ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئىسىمى دېيىشكە بولىدۇ. ياشاش مەسىلىسىنى ئۆلمەي تۇرۇپ ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.»

شى تيېشېڭ ئەپەندى ھالا بۈگۈن ئارىمىزدىن كەتتى، لېكىن يۇقارقىدەك سوئاللار ھامان مېنى قىينايدۇ، ئاشۇنداق سوئاللار ئىسكەنجىسىدە قىينىلىمەن. ئاشۇ سوئاللارنىڭ ئاسارىتى قالدۇرغان قورغانلاردىن بۆسۈپ چىقماقچى، ئەسەب- نېرۋىلىرىمنى سەگەكلەشتۈرۈپ، تەپەككۇر- خىياللىرىمنى سۈزۈلدۈرمەكچى بولىمەن. بەلكىم بۇلارنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئىشتۇر. بەلكىم بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ئۆلۈپ قارا تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن روشەنلىشەر. لېكىن، شى تيېشېڭ ئەپەندى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالىدىمۇ؟ بۇنىڭدىن مەن بىخەۋەر، بەلكىم تېگىگە يېتىشكە مەڭگۈ قادىر بولالماسمەن.

ھېلىمۇ ئېسىمدە، جۈيزى تېغىنىڭ چوققىسىغا چىققاندا بۆرە مايىقىنى بايقىدۇق. ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ دېيىشىچە، ھايۋانلارنىڭ يۇڭلىرى ئارىلاشقان ماياق بولسىلا مۇقەررەر بۆرە مايىقى دېيىشكە بولىدىكەن. مەن پەسكە ئېڭىشىپ قۇرۇپ كەتكەن كۈلرەڭ ماياققا سىنچىلاپ قارىدىم، دەرۋەقە ماياق ئارىسىدا ئۇۋىلىپ كەتكەن بىر نەرسىلەر تۇراتتى. بۇ ھەقىقەتەن بۆرە مايىقى ئىكەنلىكىدىن دالالەت بېرىپ تۇراتتى. بۇنىڭدىن بىللە سەپەرگە چىققان ھەممىمىز باشقىچە روھلىنىپ كەتتۇق، مۇشۇنداق دەۋردىمۇ ئاشۇنداق ۋەھشىي يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ بار بولۇشى ئەتراپتىكى جىمى نەرسىلەرگە روھ ۋە ئىلاھىيلىق ئاتا قىلغانىدى. تولۇنئاي پارلاپ تۇرغان بىر كېچىسى بىر تەنھا بۆرىنىڭ سېپىل ئۈستىگە چىقىۋېلىپ كۆككە قاراپ ۋەھىمىلىك بىر تەرزدە سوزۇپ ھۇۋلاۋاتقان، بۆرىنىڭ ھۇۋلىشىنىڭ كېچە جىمجىتىلىقىنى بۇزۇپ يىراق- يىراقلارغا تاراۋاتقان كۆرۈنۈشىنى تەسەۋۋۇر قىلدىم.

فوتو ئاپپاراتىمنى ئېلىپ ھېلىقى بۆرە مايىقىنى رەسىمگە تارتىۋالدىم، لېكىن رەسىم تولىمۇ غۇۋا تارتىلغانىدى. قەلبىمدە سايىسىدىن ئەسەرمۇ يوق بۇ بۆرە مۇشۇ قاغجىرىغان تاغدا ياشىغان ئەڭ ئاخىرقى زەئىپ بۆرىنىڭ سىماسىغا ئايلانغانىدى.

بۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىرتقۇچ بۆرىنىڭ ئەۋرىشكىسى ئىدى! بەلكىم بۇ بىزنىڭ بۇ قەدىمىي سېپىلنى زىيارەت قىلغىنىمىزنىڭ بىر ئىزاھاتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.

9

ئاھ تەقدىر- قىسمەت، بۇ چاغدا مېنىڭ قايتىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قالغانىدى. سۈيجوڭدىكى سېپىل چىرايىنى خاتىرجەملىك قاپلىغان، چېھرىدىن مېھرىبانلىق تېمىپ تۇرىدىغان سالاپەتلىك بوۋايلاردەك تولىمۇ خىرامانلىق ئىلىكىدە جىممىدە ئولتۇراتتى. كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن جىمى ئىشلار ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى. ئۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جىمى ئىشلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئىس- تۈتەكتەك غايىب بولغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قېرىپ ھەقدادىغا يېتىپ يەنە قايتىدىن تۆرىلىشىنى كۈتەتتى.

ھالبۇكى، مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنى چىركىنلىك قاپلىغان، بۇ چىركىنلىك گويا بۇلغانغان دەرياغا، مۇھتاجلىق دەستىدىن ھالسىرىغان ئۆتمۈشلەرگە ئوخشايتتى. مانا بۇنى ھەقىقىي ھەسرەت- نادامەت دېيىشكە بولاتتى.

ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئاشۇ كۈنى جۈيزى تېغى چوققىسىدىكى پوتەيدە ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلگەن قوياشنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭ ئالەمدىكى جىمى مەۋجۇداتلارغا سەپكەن بىھېساب ئالتۇن نۇرلىرى كىشى كاللىسىنى سۈزۈلدۈرۈپ، تىمتاسلىققا چۆمۈلدۈرەتتى، بۇنىڭدىن كىشى كەمىتەرلىك، ئەخلاق- پەزىلەتنى ئۆزىگە يار قىلاتتى. بەلكىم ئىلاھىي پەندى- نەسىھەتنىڭ تېگىگە يەتكەندۇ! كېيىن، داماۋشەن تېغىدىكى سېپىلدا مەنمۇ ئاشۇنداق تۇيغۇغا چۆمۈلدۈم. شۇ پەيتتە مەن گويا ئىلاھىي بىر بىشارەت بېرىلىۋاتقاندەك، ئاشۇ پاك نۇر- زىيالار ئارقىلىق بۇ ئالەمدە كىرلىشىپ كەتكەن روھىمنى يۇيۇپ پاكىزلاش بىشارىتى بېرىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. مەن خىيال ئالىمىمدە زاھىر بولغان ئاشۇ بىشارەت بويىچە ئىش كۆردۈم. ئاشۇ ئىلاھىي نۇر- زىيانىڭ گويا سۈيجوڭ تېغىدىكى ھېلىقى سالاپەتلىك بوۋايدەك بىر دەقىقە بولسىمۇ ئۆچمەسلىكىنى، يىراقلاپ كەتمەسلىكىنى تىلىدىم!

كونىلار: «سەددىچىن سېپىلى مەڭگۈ ئۆرۈلمەيدۇ» دېيىشىپتىكەن. لېكىن، ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ھامان بىر كۈنى چاك- چېكىدىن بۆسۈلۈپ گۇمران بولىدۇ، ئەزەلدىن ئۇنداق قۇرۇلۇش بولۇپ باقمىغاندەك تۈپتۈز بولۇپ كېتىدۇ. بىزدىن كېيىنكىلەرمۇ تارىخ دەرسلىرىدىن ئۇنىڭ سەلتەنىتىنى ئىزدەيدۇ، ھېس قىلىدۇ.

مانا بۇ ۋاقىتنىڭ ئويناۋاتقان ئويۇنى، شۇنداقلا ئالەمنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتى. بۇ قانۇنىيەت مەڭگۈ مۇشۇ پېتى تەكرارلىنىدۇ. ئەمما قايغۇ- ھەسرەت، شاد- خۇراملىق غەزەلخان- ھاپىزلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى خىسلەتلەرگە مەڭگۈ ئورناپ كېتىدۇ.

سۈيجوڭدىكى سېپىلغا ئاتىغان ناخشامغا ھەسرەتلىرىم يوشۇرۇنغان، تەپەككۇر ئىزدىنىشلىرىم مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ، بۇمۇ مېنىڭ ئۇشبۇ يازمىنى قەلەمگە ئېلىشىمنىڭ ۋەجى بولسا كېرەك.

(خەنزۇچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق 9- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)

]]> ?feed=rss2&p=12071 0 ئوقۇش پۇلىدا يىللار ئىزناسى ?p=12037 ?p=12037#respond Thu, 17 Apr 2014 05:02:13 +0000 ?p=12037 ئوقۇش پۇلىدا يىللار ئىزناسى

 

چاۋ يەن (شېزۇ)

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 2014- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان

1

ئانامنىڭ بۇنداق ياش تۆككىنىنى قانچە رەت كۆرگىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئانامنىڭ كۆز جىيەكلىرى ئەتراپىدا مەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيدىغان ئازاب بىلىنىپ تۇراتتى.

ئاۋغۇست شامىلى ئاددىيغىنە سېلىنغان تاش ئۆينى سۆيۈپ ئۆتەتتى، ئانام ئۆيىمىزنىڭ بىردىنبىر چوڭراق بىساتى بولمىش دان ئايرىش ماشىنىسىنىڭ يېنىدا قولىدا قىزىل بوپا كۆتۈرگىنىچە ئاغزى بېسىقماستىن مىننەتدارلىق بىلدۈرەتتى، تارتقان جەبىر- جاپالىرىنى بايان ئەيلەيتتى. يولدىشى يارىلىنىپ مەجرۇھ بولۇپ قالغان، ئۈچ بالىسىنىڭ ئەڭ كىچىكى بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭماقچى ئىدى. ئىشىك ئالدىدىكى قويۇق ئۆسكەن كۆپكۆك مايسىلار ئارزۇ- ئۈمىدتىن دالالەت بېرىپ تۇراتتى. لېكىن، ئوقۇش پۇلى ئانامنى بىقۇۋۇل ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى.

ـــ ھەر قانچە جاپاغا قالساقمۇ بالىنىڭ ئالدىدا چاندۇرمايلى، بولمىسا ئۇنىڭ زېھنى چېچىلىپ كېتىدۇ،ـــ دەيتتى ئانام.

ئۇ كۈنى تەلىيىمگە يارىشا خەيرلىك ئىشتىن بىرنى قىلغاچقا قەلبىم شۇ قەدەر ئىللىقلىققا تولغانىدى. ھازىرقىدەك ۋاقىتتا ئۈچ مىڭ يۈەن مەن ئۈچۈن، بىر كارخانا ئۈچۈن ئۇنچە كۆپ پۇلدەك تۇيۇلمىغىنى بىلەن، تۇرغان- پۈتكىنى جەبىر- جاپا ئىچىدە ئۆتىدىغان ئانام ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان بىر ئارمان ئىدى.

2

كەينىمگە ئۆرۈلۈپ، گويا مەي سەيلىڭ تېغى ئۈستىدە ماڭا قول پۇلاڭلىتىۋاتقان، ئىلىم تەھسىل قىلىش سەپىرىگە ئاتلانغان قىزىنىڭ سىماسىدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغان ئانامنى كۆرگەندەك بولدۇم.

ئۇ چاغدا مەن ۋەزنى تولىمۇ ئېغىر ئوقۇش پۇلىنى يېنىمغا تۈگۈپ، تۇنجى رەت بۇسۇغا ئاتلاپ يىراقلارغا سەپەر قىلغان ئىدىم. ئانام پۇل سېلىنغان يانچۇقۇمنى مەھكەم تىكىۋەتكەن، بىخەستەلىك قىلىپ پۇلنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقىمنى يېنىش- يېنىشلاپ تاپىلىغانىدى. مەن ئاغزىمنى ئۈمچەيتكىنىمچە بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئانامنىڭ بەقەمدەك قىزارغان كۆزلىرىگە جىممىدە قارىدىم.

شۇ تاپتا ئانامنىڭ كۆڭلى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى. ئېسىمنى بىلگۈدەك بولسام، مومام ئانام بىلەن زادىلا چىقىشالمايتتى، ئۇلارنىڭ تىل ئۇرۇشى قىلغان كارتىنىسىنى ئۇلىسا گەپ يوق بىر كىنو پۈتەتتى، لېكىن ئوزايىدىن تەمبەل كۆرۈنىدىغان ئانام ھامان كۆز يېشى قىلىش بىلەن كۇپايىلىنەتتى. ئاتمىش تىيىنلىق ئوقۇش پۇلى ئۆگىنىشتە ئەلاچى ئانامنى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا توختاپ قېلىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى، ھەتتا تولۇقسىز ئوتتۇرغا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغىمۇ قاتنىشالمىغان ئىدى. مۇئەللىمىنىڭ سالا قىلىشلىرى، ئانامنىڭ يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈۋاتقان كۆز ياشلىرىمۇ مومامنى ئېرىتەلمىگەنىدى، مومام ئۆزىگە كۈچ بېرىدىغان بىر ياردەمچىنىڭ بولۇشىدىن باشقىنى ئويلىمايتتى. كېيىن كەنتىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قىزلارنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئىزدەپ شەھەرگە كىرىپ كېتىشتى. زوق- شوق بىلەن مېڭىشقان ئاشۇ قىزلارنىڭ چېھرىنى ھەر بىر رەت كۆرگەندە ئانامنىڭ قەلبى پىچاقتا تىلغاندەك ئۆرتىنەتتى. بۇنداق ئۆرتىنىش گويا توختىماي ئۆسۈپ تۇرىدىغان ئوت- چۆپلەردەك نەچچە ئون يىللاپ داۋام قىلدى.

نىھايەت، ئانام ئاخىرى تەقدىرىگە تەن بەردى. يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاكام ۋە مېنى تەۋەللۇت قىلدى. پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىش چاقىرىقى پۈتكۈل كەنتىمىزنىڭ تىنچلىقىنى بۇزۇۋەتكىنىگە، دېھقان نوپۇسى بولمىش مېنىڭ كەنتىمىزدىن تۇنجى بولۇپ شەھەر نوپۇسىغا ئايلانغىنىمغا، ئانامنىڭ تالاي يىللاردىن بېرى قەلبىنىڭ چوڭقۇر تەكتىدە بېسىلىپ ياتقان ئارزۇسىنىڭ ئاخىرى رېئاللىققا ئايلانغىنىغا قەدەر ئانام ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى جىمى ئىنتىلىشلىرىنى، ئارزۇ- ئىستەكلىرىنى ئاكا- سىڭىل ئىككىمىزگە بەخشەندە قىلغانىدى.

شۇنداق قىلىپ، ئانام بىلەن خوشلىشىپ كۆڭلۈم بىر قىسىمىلا بولۇپ قالدى. توختىماي قولىنى پۇلاڭلىتىۋاتقان ئانامنىڭ سىماسى بارغانسېرى كىچىكلەپ، ناھايىتى غۇۋالىشىپ كەتتى. ئانامنىڭ سىماسى نەزىرىمدىن يۈتكەندە تولىمۇ ئېھتىيات ئىلىكىدە يانچۇقۇمدىكى ئوقۇش پۇلىنى سىيلاپ قويدۇم- دە، يۈزۈمنى چاڭگاللاپ ئېسەدەپ يىغلىۋەتتىم.

3

دادامنىڭ ھېسابات دەپتىرىنىڭ شەكلى ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا. قوڭۇر رەڭ، قاتتىق تاشلىق ئۇ دەپتەرنىڭ بىرىنچى ۋارىقىنى ئاچسىلا ماۋجۇشىنىڭ «يولداشلىرىمىز قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە نەتىجىنى، پارلاق كېلەچەكنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشى، جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك!» دېگەن ئۈزۈندىسى كۆزگە تاشلىناتتى.

ھېسابات دەپتىرىگە پۈتۈنلەي ئوقۇش ھەققى ئۈچۈن قەرز ئېلىنغان پۇللارنىڭ سانى خاتىرىلەنگەنىدى. دادام ھېساباتلارنى فاڭسوڭ خەت شەكلىدە دانىمۇدانە قىلىپ: «توڭ لەيگە 300 يۈەن، خې چۈنگە 200 يۈەن، مىڭ لياڭغا 50 يۈەن قەرز. . .» دەپ تولىمۇ كۆركەم يازاتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، 1994- يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ بىر ئاخشىمى كەنتىمىزدىكى جىمى يۇرتداشلار مېنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىكىم مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆيىمىزگە يىغىلدى، كەنتتىكىلەرنىڭ ئۆيىمىزگە يىغىلىشى بىر قېتىملىق داغدۇغىلىق مەجلىستىن قېلىشمايتتى.

«ئاپئاق قىزىم، قولۇڭدىكى كەتمەننى ئاخىرى تاشلايدىغان بولدۇڭ- دە!» دېدى ئۇلار خۇرسىنىپ تۇرۇپ. مەن شەلپەردەك قىزارغىنىمچە پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدۇم. قوللىرىمغا تۇيدۇرماي قارىدىم، تۈگەل قاداق باسقان بارماقلىرىم گويا ئون تال كۆزدەك ماڭا تىكىلگەن ئىدى، بۇ قاداقلاردا سەككىز يىللىق قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، جاپالىق ئىشلەشنىڭ چوڭقۇر ئىزلىرى قالغانىدى. شۇنى بىلەتتىمكى، دادام- ئانامنىڭ قولىدىكى قاداقلار مېنىڭكىدىنمۇ چوڭقۇر، مېنىڭكىدىنمۇ قاتتىق ئىدى، گويا شۇ ئاخشىمى ئۇلارنىڭ چېھرىدە جىلۋە قىلغان كۈلكىسىدەك، مېنىڭكىدىنمۇ جۇلالىق، مېنىڭكىدىنمۇ يارقىن ئىدى.

ھاراقنىڭ تەسىرىدىن يۈزلىرى ئۆپكىدەك قىزارغان دادام يۇرتداشلارنىڭ رۇمكىسىغا ھېلىدىن ھېلىغا ھاراق لىقلاپ قوياتتى. دادام يۈزىنى بەكلا ئايايدىغان كىشى ئىدى، ھېلىمۇ ياخشى، نامراتلىقتا دادامدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان يۇرتداشلارنىڭ ھېچقايسىسى دادامنىڭ ئېيتقۇسىز خىجالەت ئىلىكىدىكى ئۆتۈنۈشلىرىنى رەت قىلىۋەتمىدى؛ چۆنتىكىدە بارىنى تۆكۈشۈپ، ئۆزلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغانلا بىر ھايات يولىغا قاراپ يول ئالغان بىر قىزغا ئارماغان قىلىشتى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلدا دادام كەنتتە كىم ياردەمگە مۇھتاج بولسا ياق دېمەي ھەمدەمدە بولدى. كەنتتىكىلەرمۇ ئەڭ جاپالىق چاغلاردا دادامغا جاسارەت ئاتا قىلغان، دادامنى نۇر- زىياغا يۈزلەندۈرگەنىدى.

4

تۆۋەندىكى بايانلىرىمنى يېزىشقا كىرىشكەن چېغىمدا خىيال ئىلىكىدە ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم، چۈنكى مەن گويا ئىس- تۈتەكتەك تولىمۇ خىرە ھالەتتە ساقلىنىپ قالغان خاتىرىلىرىم ئارىسىغا ئەسىر بولغانىدىم. بۇلارنى قايرىپ قويۇپ، ئۆتمۈشتىكى كىشى قەلبىگە ئىللىقلىق بېغىشلايدىغان يارقىن ئىشلارنى بايان ئەيلىمەك بولدۇم. ئەمما ھەمشىرىلىرىمنىڭ سۇ يۈزىدە ئەكىس ئەتكەن، چىڭقىلىپ تولىمۇ مىسكىن تۈس ئالغان كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى. مۇنداقچە ئېيتسام، مەندىن بۆلەك ھېچقايسى ئىنسان ئەمدى ئۇلار ھەققىدە ئىككى ئىلىك گەپ قالدۇرمايتتى.

يەنە دېسەم يەنە شۇ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۇلى توغرۇلۇق دۇچ كەلگەن كىشى قەلبىنى شىكەستىلەيدىغان، ھەسرەت، ئىچ پۇشۇغى بىلەن تولغان كەچۈرمىشلىرىنى بايان ئەيلەش تولىمۇ تەسكە چۈشۈۋاتاتتى.

يېلىنىش- يالۋۇرۇشلار كار قىلمىدى، بىر كۈنى كۈن چۈشتىن قايرىلغان مەھەلدە رۇخسارى لىۋەن، يۇمران گۈلنى ئەسلىتىدىغان بىر جۈپ ھەمشىرەم ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ، ياشلىق باھارىنى ئۆز قولى بىلەن خازان قىلدى. سۇ ئامبىرىدا تولۇپ تۇرغان سۇ جىمى كۈچ- قۇدرەتنى ھاپ قىلىپ يۇتۇۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا شۇ قەدەر تىنىق، شۇ قەدەر مۇزدەك ئىدى. ئۇلار بىر- بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇشقىنىچە ئاز- ئازدىن سۇغا چۆكۈشكە باشلىدى. نىھايەت، ئۇلار ئارزۇ- ئۈمىدتىن، تىركىشىپ كۈرەش قىلىشتىن، دۇنيادىن بىر يولىلا ۋاز كەچتى.

ئۇلارنى سۇدىن سۈزۈپ چىققان كۆرۈنۈش ھېلىھەم ئېسىمدە، ئۇلار چىرايى تامدەك تاتارغان ھالەتتە قىرغاقتا سوزۇلۇپ ياتاتتى، يۇمران كۆكسى ئالمىدەك كۆتۈرۈلۈپ چىقىشقا ئۈلگۈرگەنىدى. شۇ تۇرۇقىدا ئۇلار ئەمدى ھەر قانداق ئىشنى رەت قىلىشقا قادىر ئەمەس ئىدى، ئەمدى ئۇلار ھەرگىزمۇ خەقتىن تارتىنىپ شەلپەردەك قىزىرىپ يۈرمەيتتى. ئۇلارنىڭ ھايال ئۆتمەي قارا تۇپراق ئىچىگە كىرىپ كېتىدىغىنى يادىمدىن كېچىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تۇيۇقسىز مۇزلاپ، جالاقلاپ تىتىرەشكە باشلىدى. كەڭ كەتكەن دالادا ئەسەبىيلەرچە يۈگۈردۈم. نىھايەت، بولۇق ئۆسكەن ئوت- چۆپلەرگە پۇتلىشىپ يەرگە ئوڭدا موللاق چۈشتۈم.

ئوڭدا يېتىپ چېكى يوق زۇمرەتتەك سۈپسۈزۈك ئاسمانغا باقتىم، ئاسماندىن نە سادا، نە تىۋىش كەلمەيتتى. ۋۇجۇدۇمنى تەشۋىش، ئىسەنكىرەش، ۋەھىمە ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالدى؛ كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا، ئەسلا بىلمەيتتىم. ھايات ماڭا تۇيۇقسىز ماڭدامدا بىر كىشىنى يۇتۇپ كېتىشكە ئارانلا تۇرىدىغان يوچۇق، كاۋاك بىلەن تولغاندەك تۇيۇلدى.

5

نۇرغۇن سەھرا بالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا مېنى خېلىلا تەلەيلىك دېيىشكە بولاتتى.

باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان سەككىز يىل ۋاقىت ئىچىدە نەچچە رەت ئايرىلىش ئازابى تارتتىم. مەي سەيلىڭدە ئوقۇۋاتقان چاغدىكى ئاداشلىرىم بىر- بىرلەپ ئوقۇشتىن چېكىندى. ئەڭ ئاۋۋال جيەن خۇا، ئاندىن سېن لىن، ئۇنىڭ كەينىدىن ۋېي مىڭ ئوقۇشتىن توختىدى. ئۇلار ئەمدى بۇرۇنقىدەك تورغاي چۇچۇلىماستا ـــ سەھەر سائەت بەشتە ئۈنلۈك ئاۋازدا ئىسىمىمنى چاقىرمايتتى، ماڭا «ئەتىگەنلىك ئۆگىنىشكە ماڭمامدۇق» دېمەيتتى؛ شېئىرىي تۈس ئالغان ئاخشاملاردا گىرىمسەن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاي نۇرى مەن بىلەن ئەمدى پىچىرلاشمايتتى. بۇ ھال چوڭلارنىڭ ئوقۇشقا بولغان تونۇشىنىڭ بەكلا مۈجمەللىكىدىنىلا ئەمەس، تولىراقى نامراتلىق سەۋەبىدىن ئىدى. قورساق تويسىلا شۈكرى قىلىدىغان، ئۇنىڭدىن ئۆزگىنى ئويلىمايدىغان بۇنداق ئائىلىلەردە ئوقۇش پۇلى بەجايىكى ئۆتۈش مۇمكىن بولمايدىغان ئەزىم دەرياغا دۇچ كەلگەندەكلا ئىش ئىدى. نەۋرە ھەدەم رۈي شياڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئاران بىر مەۋسۇملا ئوقۇيالىدى، ئەدناسى مەكتەپنىڭ ياتىقىدا مۇنچىغا چۈشكەندە ئىشلىتىدىغان بىر تال چىلەك سېتىۋېلىشقا چىقىنالماي ئۆيىگە ئۈن- تىنسىز راۋان بولۇشقا مەجبۇر بولدى. ئون سەككىز ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپلا ياتلىق بولدى- دە، بىر ئۆينى بېشىغا كىيىپ ئولتۇردى.

نىھايەت، پۈتكۈل مەي سەيلىڭ تەۋەلىكىدە پەقەت مەنلا گۈرۈچ خالتىسىنى ئۆشنەمگە يۈدكىنىمچە ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا قاتراپ يۈرىدىغان بولدۇم.

يەنە بىر يىڭى ئوقۇش يىلى باشلاندى، ئانامغا «پۇل بېرىڭ» دەپ قولۇمنى تەڭلىدىم. ئانامغا ھەر قېتىم «پۇل» دېگىنىمدە قەلبىم ئېيتقۇسىز ئۆكۈنۈش ئىلىكىدە پۇچۇلىناتتى، لېكىن ئانام ئەزەلدىن رەت قىلمايتتى، چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ: «ياخشى ئوقۇغىن، تاماق ئېتىدىغان قازىنىمنى چېقىپ تۆمۈر- تەسەك ئورنىدا سېتىپ بولسىمۇ سېنى ئوقۇتىمەن» دەيتتى. ئانامنىڭ ئاشۇ گەپلىرىدىن قەلبىم ھېلىدىن ھېلىغا لەرزىگە كېلىپ، گويا تاش ئېسىپ قويۇلغاندەك ئېغىرلىشىپ كېتەتتى.

ئۆز- ئۆزۈمگە «ئاتا- ئانامنى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈرمىسەم ھېساب ئەمەس» دەپ ئەھدە- پەيمان قىلدىم. ئەمەلىيەت ھەممىنى ئىسپاتلىدى، مەن راست دېگەندەك ئۇلارغا خېلى ئۇزۇنغىچە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلدىم. ھەر قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىمنى ئىشىتكەندە ئۇلارنىڭ تورغاي چۇچۇلىماستا ئورنىدىن تۇرۇپ زاۋال چۈشكىچە تىنىم تاپماي ئىشلەش تۈپەيلى جۈدەپ قوشۇقتەك بولۇپ قالغان ياغاق چېھرى سەھەردە چىققان يۇمران يۇپۇرماقتەك راھەت تۈس ئالاتتى؛ ئايىغى چىقماس ئېغىر مېھنەت، ئەمگەك دەستىدىن يادەك پۈكۈلگەن بەللىرى رۇسلىناتتى.

6

ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتتى، دادام بىلەن تاساددىپىي ھالدا پۇل تېپىش ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدۇق. دادام مۇشۇنداق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا پەملەپ قويغانلىقىنى، مەن ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ پۇل ئامانەت قويۇشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئاز بولسۇن- كۆپ بولسۇن، بىر سېنىت- بىر تىيىندىن تاكى 1994- يىلىغا قەدەر ۋاقتى- قەرەلىدە پۇل قويۇپ كەپتۇ. ئامانەت قويغان ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولغاچقا پۇلنى ئالدىغان چاغدا يالغۇز قويغان پۇلنىڭ ئۆسۈمىلا ئۇلارنى ھەيرانۇھەس قالدۇرۇپتۇ.

شۇ گەپلەرنى ھېچقانداق رەڭ- تۈس قوشماي، تولىمۇ ئاددىي يوسۇندا دەۋاتقاندا دادامنىڭ ئاۋازى ئېيتقۇسىز ئەلەم دەستىدىن بوغۇلۇپ قالدى. تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا دادامدىن بولۇشىغا ئاغرىنىپتىكەنمەن، چۈنكى دادام بالىلىرى تېپىپ ئەكىرگەن پۇللارنى قەرەللىك ئامانەت قويۇپ كەلگەن، پۇل ئامانەت قويۇشنى ئۆزگەرمەس ئادىتىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن ئىكەن.

بەزى ئادەتلەر مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. دادامنىڭ بۇ ئادىتىنىڭ قاچان باشلانغانلىقىنى ئۇققىنىمدىن كېيىن قەلبىم لازا قۇيغاندەك ئېچىشىدىغان بولۇۋالدى. گويا دادامنىڭ 1994- يىلىدىكى سىماسىنى؛ قىزىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ۋاراق- ۋاراق پۇللارنى ھۇزۇر ئىلىكىدە ساناۋېتىپ يامبۇ تېپىۋالغاندەك خۇشاللىق يۈگۈرگەن چېھرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئۆزى ئارزۇلىغان ئاشۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن تۈزگەن 12 يىللىق پىلانىنى ئۇ ئىنسى- جىنغا تۇيدۇرماي كەلگەنىدى.

بۇ 12 يىلدا ئۇ ھېلىغۇ گۆش ئىكەن، گۆشنىڭ ھىدىنىمۇ ھىدلاپ باقمىغان، سېتىپ پۇلىنى ئامانەت قويىمىز دەپ تۇخۇم يېيىشكىمۇ كۆزى قىيمىغان ئىدى. بېلىق كۆلچىكىدىكى ئۆلۈپ قالغان بېلىقلارنى سۈزۈپ كاتتا نازۇ- نېمەت ئورنىدا يەپ كەلگەنىدى. ھېيىت- بايراملاردا ياكى ئۆيگە مېھمان كەلگەن چاغلاردىلا ئاندىن ئاشخانىدىن كىشى دىمىغىنى مەست قىلىدىغان ھىدلارنى ھىدلاش بەختىگە ئېرىشەلىگەنىدى.

ئانام بەك تېجەشلىك، كۆتۈرۈشلۈك ئايال بولغاچقا ماددىي جەھەتتىكى ئارزۇ- ئىستەكلەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگەن، پۇل تېپىش ئۈچۈن جىق ئاماللارنى قىلىپ باققانىدى. ئالايلۇق، ئۇ سۇنى ئېچىتىپ ھاراق ياساپ ساتقان، ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ پۇلىنى ئېلىشنى راۋا كۆرمەي سالغان دەسمىيسىنىمۇ چىقىرالماي زىيان تارتقانىدى. ئۇ ئېتىز- ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنىمۇ تاشلاپ قويماي، يەنە ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەسكى- تۈسكىلەرنى يىغىپ ئازغىنە بولسىمۇ كىرىم قىلغانىدى. ئۇ يەنە ساغلىق ئۆچكە باققان، شۇ ئۆچكىنى ئاۋۇتۇپ بىر قوتان مال قىلىپ، ئائىلىمىزنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى قىلغان ئىدى.

ئانامنىڭ ئاۋازىنى سوزۇپ تۇرۇپ توخۇ- تۇمانلارنى، ئۆچكە پادىسىنى چاقىرغان ئاۋازى تولىمۇ يېقىملىق بولۇپ، پۈتۈن مەھەللىنى لەرزىگە سالاتتى. ئۇ يەنە ئۆچكىلەرنى يۇيۇپ- تاراپ، ئايىغىغا ئوتياش تاشلاپ بېرەتتى. ئۆيدىكى ئۇلاغ- چارۋىلارغا ئىچ- ئىچىدىن مېھرىبانلىق كۆرسىتەتتى، ئۇلارنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ پۇلىنى چۆنتىكىگە سېلىپ قايتىپ كېلەتتى. 12 يىل داۋامىدا ئۇ ئۆچكىلىرىنى ھەر قېتىم سىيلىغاندا قەلبىدە ئۈمىد شامى باشقىدىن يېلىنجايتتى؛ 12 يىل داۋامىدا ئانام دادام بىلەن بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئىجىل- ئىناق ئۆتۈپ كەلگەنىدى.

ئەشۇ 12 يىل داۋامىدا مېھرى- مۇھەببەت بىلەن تىرىشچانلىق ئۇلارغا دائىما ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى. تاڭ يورۇماقتا، تاڭ يورۇپ بارغانسېرى سۈزۈلمەكتە ئىدى.

7

مېنىڭ بىر ھەربىي بىلەن كۆيۈپ- پىشىپ يۈرگەنلىكىم يۇرتۇمنىڭ بازىرىدا خېلى بىر مەزگىل ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈردى. مەن بازاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتىم، مېنىڭ ئىسىمىم يېزىلغان خەت- چەكلەر گويا قار ئۇچقۇنلىرىغا ئوخشاش ئۇچۇپ كەلگىلى تۇردى، بۇ خەتلەرنىڭ ھەممىسى ھەربىي قىسىمدىن يېزىلغانىدى.

بۇنى دەپ كەلسەم ناھايىتى ئۇزۇن بىر ھېكايە بولىدۇ، ئارىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاڭلىغان كىشى ھۇشىدىن كېتىشىمۇ مۇمكىن. تا ھازىرغىچە مەن تىنچ سۇدەك ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرىمدە ئۇلارنى، ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك تۇيۇلىدىغان كىشىلەرنى ئەسلەپ تۇردۇم. تەبىئىيكى، خەتلەرنى ئۇلار يازغان ئىدى، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى مەن ئەمەس، ئەكسىچە ئوقۇش پۇلى تۆلەشكە قۇربىتى يەتمەيۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىدى.

مەكتەپ ھويلىسى ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلار ماڭا تاتلىققىنە كۆز قىسىۋاتقان چاغدا يېنىدىمكى دوستلىرىمنى ئوغۇل دوستلىرى بىر- بىرلەپ قولتۇقلاپ ئېلىپ كېتەتتى. پەقەت مەنلا ئۆزۈم يالغۇز جىممىدە ئولتۇرۇپ ھەشقىپىچەكلىرىمنى پەرۋىش قىلاتتىم، يازسام- يازسام مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان خەتلىرىمنى يازاتتىم، كىشىلەرنىڭ رىۋايەتلەردىكى «ئىشقى- مۇھەببەتلىرىنى» قۇرلارغا پۈتەتتىم.

ھەممە ئىش يەنە شۇ خەتتىن باشلاندى. مەكتىپىمىزنىڭ مەلۇم بىر ئوقۇغۇچىسى توغرىسىدا «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» گە بېسىلغان خەۋەرنى ئوقۇغان بەزى ھەربىيلەر تۇشمۇتۇشتىن خەت يېزىپ، قىينچىلىقتا قالغان ئاشۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپنى پۈتتۈرۈۋېلىشىغا ياردەم بەرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. دەل شۇ چاغدا مەن چوڭ ئەترەتكە يېتەكچى بولۇپ تەيىنلەنگەن بولغاچقا، يېزىلغان خەتلەر ئۇدۇل مېنىڭ قولۇمغا چۈشەتتى. بەزى ئادەملەرنىڭ، بەزى ئىشلارنىڭ ئالدىنئالا ئۆتەر يولۇمدا مۆكۈنۈپ تۇرىدىغانلىقىغا، شۇ يولدىن ئۆتۈۋاتقاندا قولۇمغا كاپلا قىلىپ ئېسىلىدىغانلىقىغا بۇرۇندىنلا ئىشىنەتتىم. ئۇلار بىلەن تونۇشقاندىن باشلاپ ھاياتنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان گۈزەل تۈس ئالغان قوينىغا شۇڭغۇدۇم.

ۋۇجۇدۇم ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان شېرىن تۇيغۇ ئىلىكىدە لەرزىگە كەلدى. بىر كىشى ۋېلسىپىت مىنگىنىچە نۇرغۇن كەنت- مەھەللىلەرنى ئارىلىدى، نۇرغۇن ئائىلىلەرگە كىردى. نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېگى- تەكتى ئېنىقلاپ چىقىلدى، گويا غايەت زور بىر قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندەك بولۇپ، مېنى ئېيتقۇسىز ھەيرانلىق چۆلىگە تاشلىدى.

مەن خەت يازغان كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆڭلىنى سىناپ بېقىش نىيىتىدە ئۆزۈم ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئوقۇغۇچىنى ئۇلارغا تەۋسىيە قىلدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ چاغدا مەكتىپىمىزنىڭ تامغىسىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇرۇخ ئاز قالغاچقا تامغا بەكلا تۇتۇق بېسىلىپ قالغان ئىدى، شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن گۇمان- شۈبھە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدىم، ھەتتا بىرەيلەن مەندىن تېلېفون ئۇرۇپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈۋېتىشنىمۇ تەلەپ قىلدى. مەكتىپىمىزدە تېلېفون بولمىغاچقا پوچتىخانىغا بېرىپ تېلېفون ئۇرۇشقا توغرا كەلدى، ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئۇرۇش بەك قىممەت ئىدى. مائاشىم 200 يۈەندىن سەللا ئاشاتتى، ھەر ئايلىق پوچتا ھەققى بىلەن تېلېفون ھەققى مائاشىمنىڭ يېرىمدىن جىقراقىنى ئىگىلەيتتى، تاماق پۇلىنى چىقىرىۋېتىپ، ئاتا- ئانامغا ئاران 50 يۈەن پۇل ئەۋەتەلەيتتىم.

ئاتا- ئانامنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى قەرزدار ھېسابلايتتىم، قانداقتۇر بىر شەكىلسىز كۈچ مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلايتتى، مۇشۇنداق قىلمىسام زادى بولمايدىغاندەك تۇيۇلاتتى. خەت يازغان چېغىمدا رو فۇ، جوڭ شياڭ، «ئۇزۇن چاچ» . . . مەكتەپ قورۇسىدا كۆك نامراتلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان ئاشۇ بالىلارنىڭ كىشىنىڭ ئىچىنى سىيرىۋېتىدىغان بىچارە كۆزلىرى خەت يېزىۋاتقان ئىش قەغىزىمگە سەكرەپ چىقىپ، تارتقۇلۇقلىرىنى، ھەسرەتلىرىنى بايان ئەيلەپ، يىراقلاردىكى ئىزگۈ قەلبىلەرنى ئاستا- ئاستا لەرزىگە سالاتتى.

شۇنداق چاغلاردا مەن گويا مىكيان چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىپ مۇھاپىزەت قىلغاندەك ئۇلارنى مەكتەپ ھويلىسىغا توپلايتتىم. ھەربىي قىسىمدىن كەلگەن پۇل چەكلىرى، ئالقانلىرىدا چىڭڭىدە سىقىمدالغان ئوقۇش پۇللىرى توختىماي جەۋلان قىلىۋاتقان تۇغ- ئەلەمدەك ئارزۇ- ئۈمىدنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ سىنتەبىر ئېيى تامان پەرۋاز قىلاتتى. كۈنبويى ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ياۋا غاز رىۋايىتىدىكى «ئىشقى- مۇھەببەت تۇيغۇسى» نىڭ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقىنى تەن ئالماي تۇرالمايتتىم.

ئاشۇ ھەربىيلەر بىلەن مانا ھازىرمۇ ئالاقىنى ئۈزۈپ قويغىنىم يوق. ئۇلارنى ئەسلىسەملا ھازىر مودا بولغان «ئەڭ گۈزەل» دېگەن سۆز خىيالىمدىن كېچىدۇ.

8

تۇرمۇش ھامان گۈزەللىككە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. توققۇز يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تۇيۇقسىزلا يېتىپ كەلگەندە مەن تېخى قىزغىن قارشى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپ بولالمىغانىدىم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مېنى قىيناپ كەلگەن غەم- غۇسسە بىر يولىلا يوقالغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم.

ئارىدىن 10 يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان شەھەر رايونىدىكى نۇقتىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە مەن تىلغا ئالغان ئىشلار تەكرارلانماس بولدى- يۇ، يەنە يېڭى غەم- غۇسسىلەر ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالدى. قۇياشنىڭ پارلاق نۇرىغا چۆمۈلگەن ئاشۇ بالىلار «قەدرىگە يېتىش» دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى تېخى چۈشىنىپ ئۈلگۈرمىگەنىدى. مەن ھەمىشە ئۆتۈۋاتقان دەرسىمنى توختىتىپ، ئۇلارغا ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنى، ۋاقىت ئىزناسىنى سالغان ئوقۇش پۇلى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتىم. ئۇلار يا چۈشەنگەندۇ، يا چۈشەنمىگەندۇ.

مانا بۈگۈنكىدەكلا مەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋەتكەن ئانامغا، مېھرى- مۇھەببىتى كىشى قەلبىنى شۇررىدە ئېرىتىۋېتىدىغان ئانامغا نەزەر تاشلىدىم. ئەمەلىيەتتە ئانام ھېچنېمە دېمەي شۈك تۇرسىمۇ ئانامنىڭ كۆڭلىدىكىنى بەش قولدەك چۈشىنەتتىم، لېكىن ھەممەيلەندە بۇنداق تۇيغۇ بولۇشى ناتايىن ئىدى.

 

(خەنزۇچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق 3- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى

被时光雕刻的学费

 

(朝彦 (畲族)

 

1

    记不清是第几次看到这样一个母亲的泪了。在她红红的眼圈里,有着我无法说出的疼痛。

    八月的风吹过简陋的片石房,她站在家中唯一硕果仅存的机械——打谷机旁边,手里拿着红包,絮絮地说着感谢,说着她的艰难。丈夫已经伤残,三个孩子中最小的一个,今年也要上大学了。门前的禾苗正泛青,如此茂盛地昭示了希望。但学费,却是一直难以启齿的伤。她说:“做得很苦的时候,也不敢跟儿子说,怕让他分了心。”

    这天,有幸去完成一件“雪中送炭”的善举,我的心中始终满溢着慈悲的情怀。今日,三千元于我,于企业,或者只是一个带着些许柔软的数字,但是于一个艰辛的母亲而言,却足以勾勒出无比葱茏的憧憬。

2

    转过身来,我仿佛又看见了站在麦菜岭山岗上朝我挥手,目送我踏上求学之路的母亲。

    那时候,我身上揣着沉甸甸的学费,第一次走向远方。母亲将我身上装钱的口袋缝得紧紧的,叮嘱了一遍又一遍。我沉默地抿着嘴唇,抬起头来,看见母亲泛红的眼睛。

    我认为我是懂她的。从记事起,她和外婆之间言语冲突的画面连缀起来,可以成为一场电影,但貌似强势的母亲总是以哭泣收场。因为六角钱的报考费,学习拔尖的母亲止步于小学毕业,连初中的升学考试都没能参加。老师的游说和母亲的眼泪都没能打动外婆,她需要的,只是一个得力的帮手。后来村里凡念过初中的女孩子,全都招工进了城,母亲的心一次一次被那些喜气洋洋的面庞刺痛。这种痛,像不断生长的青草一样,绵延了几十年。

    后来,母亲终于认命了。再后来,她有了哥哥和我。她把她曾经的挣扎和渴盼,一点不剩地喂哺进我们兄妹的生命里。直到师范的录取通知书打破了整个村庄的宁静;直到我成为全村第一个农业户口转城镇户口的孩子;直到母亲坚持多年的梦想终于变成现实。

    于是,那一场送别便被赋予了别样的意味。母亲的手,挥了又挥,她的影子越来越小,渐渐变得模糊。终于看不到的时候,我又一次小心地摸了摸兜里的学费,忽然双手捂脸,泣不成声。

 

3

    直到今天,父亲那本记账本的样子仍清清楚楚地浮现在我的眼前。棕色的硬封皮,打开第一页,上面赫然印着毛主席语录:“我们的同志在困难的时候,要看到成绩,要看到光明,要提高我们的勇气!”

    账本上,记载的全是借钱交学费的数目。父亲的字是标准的仿宋体,郑重地,一笔一划工工整整地记着:同来 三百;贺春二百;明亮 五十……我还记得,一九九四年八月的一个晚上,因为我的升学,全村的父老乡亲团团地挨挤在我的家中,不啻于召开一次隆重的盛会。

     “闺女,你总算把手里的锄头柄扔了啊。”他们都这样感叹地说,我只是腼腆地笑。暗暗地摊开手来,十个厚厚的老茧像十只眼睛定定地看着我,望穿了八年刻苦学习并辛勤劳作的岁月。我知道,父母亲的老茧比我的还要厚,还要硬,正如他们那晚的笑,比我还要爽朗,还要灿烂。

    父亲一遍一遍地为大家添着水酒,脸上是两圈略带醉意的酡红。他是一个要面子的人,所幸那些同样贫穷的乡亲,都没有拒绝他讪讪的请求,倾其所有,将那个夜晚点亮,托举起那个闺女和他们不一样的人生。

    此后的几十年,无论村里谁家需要帮助,父亲总是义不容辞。在最困难的时候,是他们给了他勇气,让他看到了光明。

 

4

    在进行接下来的叙述时,我枯坐了很久,因为我进入了一段阴霾般的记忆。我本想绕开,说一些光明和温暖的往事,但是那对姐妹浮出水面,用肿胀凄凉的眼神望着我。或者,除了我,将不再有任何人为她们留下只言片语。

    同样是因为学费,她们的故事却是破碎的、崩溃的、黑暗的,让人不忍讲述的。

    在哀求无果的情况下,一个午后,一对花朵般鲜嫩的姐妹,她们感到了绝望,决定自己

让自己凋零。水库里的水沉静、冰凉,有着吞没一切的力量。她们手拉着手,一点一点地深入,最后抛弃了渴望,抛弃了抗争,抛弃了整个世界。

    我仍然记得她们被打捞上来的样子,脸色苍白,平躺在岸上,胸部已经蓓蕾初放。但是无论人们如何摆布,她们已经不会拒绝,不再羞涩了。我想到她们即将被泥土掩埋,忽然感到浑身冰冷、颤抖。我疯狂地在大地上奔跑,最后被草藤绊住,摔倒在地。

    仰望蓝天,天空无言。我惶惑、恐惧,不知道谁对谁错,只是忽然觉得,生活是那样的漏洞百出。

5

    显然,和大部分农村孩子相比,我有着足够的幸运。

    从小学到初中的八年时光里,我不止一次地经历着分离。麦菜岭的小伙伴,一个一个地辍学了。先是建华,然后是森林,最后是伟明。他们不再在清晨五点大声地呼唤我的名字,邀我一起去晨读;不再在有着几许诗意的夜晚,在月光下陪着我高谈阔论。这样的结局除了大人对读书概念模糊外,更多的还是因为贫穷。在填饱肚子成了第一要务的家庭里,学费终究成了无法趟过的那条河。我的堂姐瑞香,勉强在初中读了一个学期,却连住校洗澡用的一个桶都买不起,只能黯然归家。十八岁,她便嫁做人妇。

    于是最后,整个麦菜岭,只剩下我一个人孤零零地背着米袋,行走在求学的路上。

    又一年开学的时候,我朝母亲伸手要钱。每当这个时候,总是我心怀歉疚的时候,但她从来没有拒绝过我,她只是咬着牙对我说:“你给我发狠读,我就是砸锅卖铁也要供你读出来。”她的话,不止一次像石头一样砸在我的心里,沉甸甸的。

    我发誓要成为父母的骄傲。事实证明,在读书方面,我的确让他们骄傲了很久。他们将腰板挺得很直,因长期劳累而黎黑的面庞,时常因为我获奖的消息舒展得像清早的嫩叶。

6

    许多年以后,父亲偶然和我说起攒钱的一些事。他说他早预想到了困难,从我三岁

起就开始了那个存钱的计划。每一张,每一笔,数目无论大小,存期都无一例外地指向

一九九四年。因为存得久,取出来的时候,光是利息就让他大吃一惊呢。

    我看着轻描淡写、不动声色的父亲,一阵难过滚过了喉咙,噎住。就在前几天,我还抱

怨过父亲,因为他总是把儿女给他的钱存成定期,并且存期总是选最长的一种,无论怎么

讲道理都改变不了。

    有一些习惯,是终身的。在明白这个习惯的起源之后,我的心中有着火辣辣的疼。我仿

佛又看到了一九九四年的父亲,面带笑容,用掘出宝贝一样的惊喜,一张一张地数着钞票,数着女儿的未来。为着那一天的到来,他不露痕迹整整规划了十二年。

    那是连荤腥味都很难闻得到的十二年,鸡蛋,是不舍得吃的,因为可以卖钱。鱼塘里翻起一只死鱼,捡回来,可以是一场盛宴。只有逢年过节或家中来客,厨房里方才飘出诱人的香味。

    母亲一直节俭,隐忍,把物质的需求欲降至最低。她曾经想过很多主意赚钱。比如酿水

酒卖,却终因叔伯长辈的钱不忍收起,亏本收场。她还挨家挨户收过废品,又不敢误了田间的庄稼,所得甚微。她带着我帮渔业厂割稻子,一天仅赚两元。最后,她养起了母猪,把一批又一批的猪仔养得身子滚圆,极有卖相,成为家庭的主要经济来源。

    她的呼鸡唤猪的声音圆润悠长,穿透整座村庄。她替猪们清洁、垫草,挑去大桶的猪食,甚至慈爱地替它们捉虱子、挠痒痒。她发自内心地爱着它们,和她把它们拉到圩场上换成钞票,似乎并不矛盾。十二年,她在抚摸着猪仔的时候触摸到希望;十二年,她在攒钱的方式和立场上和父亲无比地同心协力。

    十二年,爱与坚守同在。天亮了,天一直在越变越亮。

7

    有很长一段时间,家乡的那个小镇上疯传着我和军人谈恋爱的消息。我在镇上教书,写

着我姓名的信件,像雪片一样飞来,全都寄自于部队。

    如果容许我赘述,这应该会是一个很长很长的故事,中间的细枝蔓节也许能把人绕晕。直到现在,我总是于某个平静的日子,无端地想起他们来,想起那些我至今认为是最可爱

的人。自然,信是他们写来的,只不过他们关心的不是我,而是一些付不起学费的学生。

    当星星在校园的上空眨着暧昧的眼睛,我身边的女友一个一个被她们的男友带走。唯

有我,安静地蛰居,种着我的牵牛花,写着永远也写不完的信,继续着人们传说中的那场

“恋爱”。

    事情的引子,也是起缘于信。一些军人,在《解放军报》看到了一则关于我们学校某个学生的报道,于是纷纷来信要求资助贫困生完成学业。巧得是,我刚好接任了大队辅导员,这些信,于是转到了我的手上。我一直相信,一些人,一些事,冥冥中早就安排在你要经过的路上,只等着走过去,握住他的手。认识他们,我从此得幸进入了生命中一份与众不同的美好。

    我被一种前所未有的热情激荡,一个人骑着自行车走访了很多个村落,走进了很多户家庭。一场贫困生大摸底的结果,似乎掀开了一个巨大的黑洞,带给我一份猝不及防的震惊。

    我试着揣测写信人的偏好,把自认为合适的学生推荐给他们。我还记得,那时候学校的印油不是大红的,盖出来的章略显暗紫,我因此面临了很多的质疑,甚至有人要求我电话过去证实。彼时学校没有电话,需到邮局去打,长途很贵。我的工资是二百多一点,每个月的邮资和电话费占了一多半,除去伙食,只能交五十元给父母。

    对父母,我有过很深的自责,但似乎有一种无形的力量驱使着我这样做下去,非这样做不可。写信的时候,若芙、钟详、“长发”……那些艰难挣扎在校园里的孩子,他们无助的眼神就跳到我的信笺上来,倾诉、流淌,一点一点地打动了遥远的心。

    那时候,我有的是顽强和坚韧,像一只护雏的母鸡一般,竭尽全力地将他们聚拢在校园的羽翼之下。那些来自部队的汇款单,那些紧紧攥在手心里的学费,像飘扬的旗帜,载着希望在九月里飞。我承认,在那几年日复一日的鸿雁传书中,我收获了一场刻骨铭心的“恋爱”。

    时至今日,我仍和一部分军人保持着或多或少的联系。想到他们,我就会想起如今最流

行的一个词——“最美”。

8

    生活,总是向着美好转化。九年义务教育免费的消息来得很迅急,我几乎都没有做好热烈迎接的准备。但从此,我终于停止了很多年一以贯之的忧虑。

    十年以后,我所在的城区重点小学已经不再重复昨天的故事。可是,我很快有了新的忧

虑。那些被阳光奢侈照耀着的孩子,他们还没有学会珍惜。我常常不得不停下课来,给他们

讲从前的故事,那些被时光雕刻的关于学费的故事。他们也许会懂,也许永远不懂。

    就像今天,我看着那个抹去眼泪的母亲,那个殷勤得让人心生不忍的母亲。其实,即使

她什么也不说,我也能懂,但一定不是在场的每一个人都懂。

《民族文学》2013年第3

]]> ?feed=rss2&p=12037 0 جىبران خېلىل جىبران: راھەت ?p=11380 ?p=11380#comments Sun, 09 Dec 2012 06:45:38 +0000 ?p=11380 راھەت

جىبران خېلىل جىبران (لىۋان)

زۇلپىقار بارات ئۆزباش تەرجىمىسى

ھەر يىلى شەھەرگە بىر قېتىم كىرىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان بىر زاھىت دانىشمەننىڭ ئالدىغا كېلىپ:

-راھەت ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز،- دېدى.

دانىشمەن جاۋابەن مۇنداق دېدى:

– راھەت – ئەركىنلىك ناخشىسى، بىراق ئۇنىڭ ئۆزى ئەركىنلىك ئەمەس. ئۇ ئارزۇيۇڭ ئېچىلدۇرغان غۇنچە، بىراق مەي باغلاپ پىشقان مېۋە ئەمەس.

ئۇ يۇقىرى ئۆرلەپ چىقىۋاتقان سادا، بىراق شۇ سادا ئوخچۇپ چىققان چوڭقۇرلۇقمۇ، ئۆرلەپ چىققان ئېگىزلىكمۇ ئەمەس.

ئۇ – قەپەز ئىچىدىكى قۇش، بىراق قەپەزنى ئوراپ تۇرغان كۆك ئەمەس.

راست گەپنى قىلغاندا، راھەت – ئەركىنلىك ناخشىسى.

بۇ ناخشىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بىراق ناخشىنىڭ سېھرى بىلەن خۇدۇڭلارنى يوقىتىپ قويماڭلار.

ئاراڭلاردىكى راھەت- پاراغەتنى قوغلىشىدىغان ياشلار جازاغا، ئەيىبكە ئۇچرىغان. بىراق، ئۇلارنى جازالىغۇم، ئەيبلىگۈم يوق. قېنى ئۇلار راھەتنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىشىپ باقسۇن. چۈنكى ئۇلار راھەتنى قوغلاپ يېتەلمەيدۇ، بىراق ئۇلار يالغۇز راھەتنىڭ ئۆزىنى تېپىشى بىلەنلە توختاپ قالمايدۇ.

راھەتنىڭ يەتتە سىڭلىسى بار، كەنجىسى لىۋەنلىكتە راھەتتىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ.

سىلەر بىرىنىڭ يىلتىز كولاۋېتىپ گۆھەرگە يولۇققانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىنى ئاڭلاپ باققانمىدىڭلار؟

ئاراڭلاردىكى بەزى بوۋايلار راھەتنى ئەسلەشكەندە، مەستچىلىكتە بىرەر سەتچىلىك قىلىپ قويغاندەك ئۆكۈنۈشۈپ كېتىدۇ.

بىراق، ئۆكۈنۈش قەلبكە بېرىلگەن جازا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا كەيدۈرۈلگەن نىقاب.

ئەسلى ئۇلار راھەتنى ئەسلىگەندە، كۈزلۈك ھوسۇلنى يىغقاندا يازدىن مىننەتدار بولغانغا ئوخشاش مىننەتدار بولغان بولغان بولسا توغرا بولاتتى.

ناۋادا ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆكۈنۈشلا ئاۋۇندۇرالىسا، بىز بۇنىڭغا يول قويايلى.

ئاراڭلاردا شۇنداقلارمۇ باركى، ئۇلار راھەتنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىدىغان ياشلارمۇ، ئەسلىمە ئىچىگە چۆكۈپ كەتكەن بوۋايلارمۇ ئەمەس.

ئۇلار تەلپۈنۈش ۋە ئەسلىمىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەچكە راھەتنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىلغان، روھىيىتىدىن مەھرۇم قالغان.

بىراق، ئۇلارنىڭ ۋاز كەچكىنى راھەتنىڭ ئۆزى.

راست شۇنداق، ئۇلار تىتىرەڭگۈ قوللىرى بىلەن يىلتىز كولاپ يۈرۈپ ئاخىرى گۆھەرلەرنى تېپىۋالدى.

ئېيتقىنا، كىم ئۆز روھىيىتىگە خائىنلىق قىلالايدۇ؟

بۇلبۇل كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزالامدۇ؟ ماي قوڭغۇزى يۇلتۇزلاردىن غالىپ كېلەلەمدۇ؟

ۋۇجۇدۇڭلاردىكى يالقۇن ۋە ئىس- تۈتەكلەر شامالنى ھاردۇرالامدۇ؟

سىلەرنڭ نەزىرىڭلاردا قەلب توختام سۇغا ئوخشايدۇ. سەن ئۇنى بۇلدۇقلاپ تۇرغان بۇلاققا ئايلاندۇرالامسەن؟

راھەتتىن باش تارتقان چېغىڭدا سەن پەقەت تىلىكىڭنى يۈرىكىڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە يوشۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىسەن؟

بۈگۈن قۇتۇلۇپ قالغان نەسلىكنىڭ ئەتە يەنە تەكرارلىنىشىنى كىم بىلىدۇ.

ھەتتا سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭمۇ ئۇنىڭ نەسلىگە تارتقانلىقىنى ۋە سېنىڭدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ، بىراق ئالدىنىپ قېلىشنى خالىمايدۇ.

سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭ – روھىيىتىڭ ئۈچۈن چېلىنىدىغان ساز.

ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان يېقىملىق مۇزىكىلارنىڭ، شاۋقۇنلارنىڭ ھەممىسى ساڭا مەنسۇپ.

ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردىن: «راھەت ئىچىدىكى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى قانداق ئايرىيمىز؟» دەپ سوراپ بېقىڭلار؟

ئېتىزلارغا ياكى باغچىغا بارغان چېغىڭلاردا، ھەسەل يىغىش ھەسەل ھەرىسىنىڭ خوشلۇقى ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. بىراق، شىرنىسىنى ھەسەل ھەرىسىگە سوۋغا قىلىش گۈل ئۈچۈنمۇ بىر خىل خۇشاللىق.

چۈنكى ھەسەل ھەرىسى گۈلنى ھاياتنىڭ مەنبەسى دەپ، گۈل بولسا ھەسەل ھەرىسىنى مۇھەببىتىنىڭ ئەلچىسى دەپ قارايدۇ.

گۈل بىلەن ھەسەل ھەرىسىنىڭ ھەر ئىككىسى ئۈچۈن بىر- بىرىنىڭ خۇشلۇقىغا ئورتاقلىشىش ئوخشاشلا بىر خىل ئېھتىياج ۋە شادلىقتۇر.

ئەي، ئافرس خەلقى! سىلەر خۇشال چېغىڭلاردا ھەسەل ھەرىسى بىلەن گۈلگە ئوخشاش بولۇڭلار!

(ئاپتورنىڭ خەنزۇچە «دانىشمەن» ناملىق توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1994- يىللىق 3- سان

]]>
?feed=rss2&p=11380 1
ئىنگلىزچە ناخشا: ياخشىمۇ سەن ?p=11228 ?p=11228#comments Fri, 21 Sep 2012 03:04:41 +0000 ?p=11228 ياخشىمۇ سەن

ناخشىدا: لىئونىل رىكى (ئامېرىكا)

ئۇيغۇرچىغا  تەرجىمە قىلغۇچى: زۇلپىقار بارات ئۆزباش

ئويۇمدا يۈرىمەن سەن بىلەن تەنھا،

لېۋىڭنى خىيالەن سۆيۈپ چۈشەيمەن.

ئىشىكىم ئالدىدىن ئۆتسەڭ گاھىدا،

ئىزدىگەن ئادىمى مەنمۇ يا دەيمەن.

 

ياخشىمۇ، كۆزلىرىڭ كۆڭلۈڭ سىرىنى،

بىلدۈردى، كۈلكەڭدە خىيالىڭ ئايان.

چۈشەناىم، سەن ئىزدەپ كەپسەن بىرىنى،

كەل، ساڭا ئوچۇقتۇر باغرىم ھەرزامان.

 

بىلىسەن سەن زادى نېمە دېيىشنى،

بىلىسىەن ۋە قانداق قىلارنى، غۇنچە.

قەلبىمدە لاۋۇلداپ تۇرغان كۆيۈشنى،

ئويلايمەن گاھىدا ئېيتىشنى شۇنچە.

 

قۇلىقىڭ تۈۋىدە شىۋىرلاي دەيمەن،

سۆيىمەن دېگۈم بار يەنە نەچچە رەت.

كۆيگەننى، سىرىمنى يۇشۇرماي دەيمەن،

يۈرىكىم تەلپۈنۈپ تىنمىسا پەقەت.

 

ياخشىمۇ، كۆڭلۈمنى چۈشەندىڭ ئاخىر،

زارىقىپ يۈرگەنتىم سېنى نەدە دەپ.

ئويلايمەن، تۇيۇلساڭ گويا بولۇپ سىر،

يالغۇزلۇق دەردىدە يۈردۈڭمۇ تىنەپ،

كىم سەندىن يۈرىدۇ مۇھەببەت تىلەپ؟!

 

يۈرىكىڭ سىرىنى ئېيتقىنا گۈلۈم،

تەلمۈرسەم سېنىڭدىن ھېچبىر يوق خەۋەر.

رۇخسەت قىل، سۆيگۈدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭلۈم،

چۈنكى، مەن سۆيىمەن سېنى شۇ قەدەر.

 ئىنگلىزچىسى:

HELLO

Lionel Richie

I’ve been alone with you inside my mind

And in my dreams I’ve kissed your lips a thousand times

I sometimes see you pass outside my door

Hello, is it me you’re looking for?

 

I can see it in your eyes

I can see it in your smile

You’re all I’ve ever wanted, (and) my arms are open wide

‘Cause you know just what to say

And you know just what to do

And I want to tell you so much, I love you …

 

I long to see the sunlight in your hair

And tell you time and time again how much I care

Sometimes I feel my heart will overflow

Hello, I’ve just got to let you know

 

‘Cause I wonder where you are

And I wonder what you do

Are you somewhere feeling lonely, or is someone loving you?

Tell me how to win your heart

For I haven’t got a clue

But let me start by saying, I love you …

 

Hello, is it me you’re looking for?

‘Cause I wonder where you are

And I wonder what you do

Are you somewhere feeling lonely or is someone loving you?

Tell me how to win your heart

For I haven’t got a clue

But let me start by saying … I love you

 

مەنبە: «سەرخۇش ئىنگىلىز تىلى»  2- قىسىم

]]>
?feed=rss2&p=11228 1
پاز شېئىرلىرىدىن(1): ئا. جالالىدىن تەرجىمىسى ?p=11096 ?p=11096#comments Mon, 03 Sep 2012 11:42:47 +0000 ?p=11096 ئوكتاۋىئو پاز شېئىرلىرىدىن (1)

ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمىسى

ئاشىقلار

بىر قىز بىلەن بىر يىگىت،
ياتار ئىدى چىملىقتا.
ئاپېلىسىننى يېيىشتى، بىر- بىرىنى سۆيۈشتى،
شۇ تاپ گويا دولقۇنلار بۇژغۇنلارغا چىرماشتى.

بىر يىگىت ھەم قىز بالا
ياتار ئىدى ساھىلدا.
ئۇلار لېمون يېيىشتى، بىر- بىرىنى سۆيۈشتى،
شۇ تاپ گويا ئاق بۇلۇت كۆپۈكلەرگە چىرماشتى.

بىر قىز بىلەن بىر يىگىت
ياتار يەرنىڭ ئاستىدا.
ئۇلار ئەمدى سۆيۈشمەس، ئۇلار ئەمدى سۆزلىمەس،
بىر- بىرىگە جاۋابنى سۈكۈت بىلەن بېرىشتى.

ھايات پىنھان ھەم ئايان

دېڭىزلارنىڭ قارا تۈنىدە
پەقەت بېلىق ۋە ياكى چاقماق.
ئورمانلارنىڭ قارا تۈنىدە
پەقەتلا قۇش ۋە ياكى چاقماق.

تەننىڭ زۇلمەت كېچىلىرىدە
سۆڭەك چاقماق، سۆڭەكتۇر چاقماق.
ئاھ، دۇنيانىڭ ھەممىسى زۇلمەت،
پەقەت بۇندا ھاياتتۇر چاقماق.

شەھەردىكى گۇگۇم

ـــ ل . ۋ . ئالبېراغا بېغىشلايمەن.
ئۇ مۇشۇ يەردە ئازابلانغان.
2
سۈكۈنات قېلىن- قېلىن تاشلار كەبى،
تۆكۈلەر كۆك قەرىدىن جىمجىتقىنە.
ئاسمانمۇ ئېغىر يۈكتىن بولدى خالاس،
چۆكمەكتە تاش ۋە قۇدۇق ئۆز- ئۆزىگە.

گۇگۇم ئۆز قىلمىشىدا كۆيەر شۇ تاپ،
كوچىدىن ئۆتتۈم كۈل ھەم ئەسنەك ئارا.
سۆسۈن رەڭ، گەج مەسەللىك، سۈكۈناتلىق
خارامۇش بىر ھايات سوقار ئۇندا.

بىنەپشە جاراھەت بار قىيا تاشتا،
زەردابلار قايتتى تىتىرەپ ھەر بىر تامغا،
ئائىلە ئۆلۈملىرى قەبرىستانغا.

غوۋغاسىز يېشىلىشلەر بار ئۇ يەردە،
پاھىشە تاش ھەيكەلدەك تۇرار تۈندە:
ئوخشايدۇ يول بەلگىسىگە زۇلمەت ئىچرە.

4

(پەلەك)
قەھرىلىك مېتاللار، رەھىمسىز خەنجەر،
يۇلتۇزسىز يېگانە تاپتاقىر دالا،
پولاتتىن قۇيۇلغان كۆز يەتمەس تۈزلەڭ
قۇدۇق، ئەمما بۇلاق، يىغىسىز ساما.

جىمجىتلىق، قەتئىيلىك، ئۆتكىلى بولماس،
ئىشىكسىز، تۇتقۇچسىزمۇكەممەل شەھەر
تۇرىدۇ سەن بەرگەن ئىنتىزارلىق ھەم
ئالۋۇندەك غايىپ شۇ جەننەتكە قەدەر.

تىللارنىڭ تەمى ئۇ پارالىچ ئەينەك،
شامالدا ئەندىكىپ كەتكەن سۈكۈنات،
ئۇ گويا چىشلەنگەن، ئۇخلىماس يۈرەك.

سېنى تەۋرىتەلمەس ھېچنېمە، ئاسمان،
سەندە تۇرالمايدۇ ھېچنېمە زىنھار،
يىلتىز ھەم تۇغۇلۇشنى كۆيدۈرەر روھلار،
ئۆزىنىڭ بەھرىگە چۆكمەكتە ھامان.
خەنزۇچە «قۇياش تاش»، «پاز ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ناملىق توپلاملاردىن تەرجىمە قىلىندى
مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1998- يىللىق 1- سان

]]>
?feed=rss2&p=11096 1
جىبران نەسىرلىرى: زۇلپىقار بارات ئۆز باش تەرجىمىسى ?p=11099 ?p=11099#comments Fri, 24 Aug 2012 04:44:19 +0000 ?p=11099 قايغۇ ۋە خۇشاللىق

جىبران خېلىل جىبران

زۇلپىقار بارات ئۆزباش تەرجىمىسى

بىر ئايال دانىشمەنگە مۇراجىئەت قىلدى:
ـــ خۇشاللىق ۋە قايغۇ ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
ـــ سېنىڭ خۇشاللىقىڭ ئەسلىدە چۈمپەردىسىنى ئېلىۋەتكەن قايغۇدۇر.
ئىچىڭگە سىغماي قالغان خوشلۇقۇڭنىڭ ئىچىگىمۇ كۆز يېشىڭ ئارىلاشقان.
ۋۇجۇدۇڭدا يىلتىز تارتقان ھەسرەتنىڭ مەنبەسى قانچىكى چوڭقۇرلىسا، سەن ئېرىشىدىغان خۇشاللىقمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
شارابقا لىق تولغان رۇمكاڭ خۇمداندا پىشۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى لاي ئەمەسمىدى؟
قەلب ئىلاھەڭنى ھاياجانغا سالغان نەي خەنجەر بىلەن ئويۇلغان لاي ئەمەسمىدى؟
خۇشال يۈرگەن ۋاقتىڭدا ئۆزۈڭنى ئاستىرىتىن تىزگىنلەپ تۇرغان يۈرىكىڭدىكى ئىلگىرى سېنى ئازابلىغان نەرسىنىڭ خۇشاللىققا ئايلانغانلىقىنى بايقايسەن.
ھەسرەت يۇتۇۋاتقان چېغىڭدا ئۆزۈڭنى تىزگىنلەپ تۇرغان يۈرىكىڭدىكى ئىلگىرى سېنى خۇش قىلغان نەرسىنىڭ ئەمدى سېنى يىغلىتىۋاتقانلىقىنى بايقايسەن.
بەزىلەر ھاياتتا قايغۇدىن خۇشاللىق كۆپ دېسە، بەزىلەر خۇشاللىقتىن قايغۇ كۆپ دېيىشىدۇ.
مەن سىلەرگە باشقىچىرەك جاۋاب بەرمەكچىمەن، خۇشاللىق بىلەن قايغۇ بىر تۇغقان.
شۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇشاللىق بىلەن قايغۇ ھاياتىڭغا تەڭلا قەدەم تەشرىپ قىلغان ۋاقىتتا، بىرى سەن بىلەن ئۈلپەت بولۇۋالىدۇ، يەنە بىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كارىۋېتىڭدا بەخىرامان ئۇيقۇغا كېتىدۇ.
سەن ھەمىشە خۇشاللىق بىلەن قايغۇنىڭ ئارىسىدا ئېسلىپ يۈرىسەن.
سەن پەقەت شۇ ئىككىىسنىڭ ئارىلىقىدا تۇرغان چېغىڭدىلا تەڭپۇڭلۇقۇڭنى ساقلىيالايسەن.
سەن بىر تارازا، خەزىنىچى سېنىڭ بىلەن خەزىنىدىكى ئالتۇن- كۈمۈشلىرىنى تارتقاندا خۇشاللىقىڭ بىلەن قايغۇڭ تەڭلا يوقايدۇ.

 

ئاپتورنىڭ خەنزۇچە «دانىشمەن» ناملىق توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1994- يىللىق 3- سان

]]>
?feed=rss2&p=11099 3
ئوكتاۋىئو پاز شېئىرلىرىدىن(1): ئا. جالالىدىن تەرجىمىسى ?p=11097 ?p=11097#respond Fri, 24 Aug 2012 04:41:33 +0000 ?p=11097 ئوكتاۋىئو پاز شېئىرلىرىدىن (1)

ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمىسى

ئاشىقلار

بىر قىز بىلەن بىر يىگىت،
ياتار ئىدى چىملىقتا.
ئاپېلىسىننى يېيىشتى، بىر- بىرىنى سۆيۈشتى،
شۇ تاپ گويا دولقۇنلار بۇژغۇنلارغا چىرماشتى.

بىر يىگىت ھەم قىز بالا
ياتار ئىدى ساھىلدا.
ئۇلار لېمون يېيىشتى، بىر- بىرىنى سۆيۈشتى،
شۇ تاپ گويا ئاق بۇلۇت كۆپۈكلەرگە چىرماشتى.

بىر قىز بىلەن بىر يىگىت
ياتار يەرنىڭ ئاستىدا.
ئۇلار ئەمدى سۆيۈشمەس، ئۇلار ئەمدى سۆزلىمەس،
بىر- بىرىگە جاۋابنى سۈكۈت بىلەن بېرىشتى.

ھايات پىنھان ھەم ئايان

دېڭىزلارنىڭ قارا تۈنىدە
پەقەت بېلىق ۋە ياكى چاقماق.
ئورمانلارنىڭ قارا تۈنىدە
پەقەتلا قۇش ۋە ياكى چاقماق.

تەننىڭ زۇلمەت كېچىلىرىدە
سۆڭەك چاقماق، سۆڭەكتۇر چاقماق.
ئاھ، دۇنيانىڭ ھەممىسى زۇلمەت،
پەقەت بۇندا ھاياتتۇر چاقماق.

شەھەردىكى گۇگۇم

ـــ ل . ۋ . ئالبېراغا بېغىشلايمەن.
ئۇ مۇشۇ يەردە ئازابلانغان.

2

سۈكۈنات قېلىن- قېلىن تاشلار كەبى،
تۆكۈلەر كۆك قەرىدىن جىمجىتقىنە.
ئاسمانمۇ ئېغىر يۈكتىن بولدى خالاس،
چۆكمەكتە تاش ۋە قۇدۇق ئۆز- ئۆزىگە.

گۇگۇم ئۆز قىلمىشىدا كۆيەر شۇ تاپ،
كوچىدىن ئۆتتۈم كۈل ھەم ئەسنەك ئارا.
سۆسۈن رەڭ، گەج مەسەللىك، سۈكۈناتلىق
خارامۇش بىر ھايات سوقار ئۇندا.

بىنەپشە جاراھەت بار قىيا تاشتا،
زەردابلار قايتتى تىتىرەپ ھەر بىر تامغا،
ئائىلە ئۆلۈملىرى قەبرىستانغا.

غوۋغاسىز يېشىلىشلەر بار ئۇ يەردە،
پاھىشە تاش ھەيكەلدەك تۇرار تۈندە:
ئوخشايدۇ يول بەلگىسىگە زۇلمەت ئىچرە.

4

(پەلەك)

قەھرىلىك مېتاللار، رەھىمسىز خەنجەر،
يۇلتۇزسىز يېگانە تاپتاقىر دالا،
پولاتتىن قۇيۇلغان كۆز يەتمەس تۈزلەڭ
قۇدۇق، ئەمما بۇلاق، يىغىسىز ساما.

جىمجىتلىق، قەتئىيلىك، ئۆتكىلى بولماس،
ئىشىكسىز، تۇتقۇچسىزمۇكەممەل شەھەر
تۇرىدۇ سەن بەرگەن ئىنتىزارلىق ھەم
ئالۋۇندەك غايىپ شۇ جەننەتكە قەدەر.

تىللارنىڭ تەمى ئۇ پارالىچ ئەينەك،
شامالدا ئەندىكىپ كەتكەن سۈكۈنات،
ئۇ گويا چىشلەنگەن، ئۇخلىماس يۈرەك.

سېنى تەۋرىتەلمەس ھېچنېمە، ئاسمان،
سەندە تۇرالمايدۇ ھېچنېمە زىنھار،
يىلتىز ھەم تۇغۇلۇشنى كۆيدۈرەر روھلار،
ئۆزىنىڭ بەھرىگە چۆكمەكتە ھامان.

خەنزۇچە «قۇياش تاش»، «پاز ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ناملىق توپلاملاردىن تەرجىمە قىلىندى
مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1998- يىللىق 1- سان

]]>
?feed=rss2&p=11097 0
رۇسسېل: مەن نېمە ئۈچۈن ياشايمەن ؟ ?p=11036 ?p=11036#respond Thu, 02 Aug 2012 04:19:56 +0000 ?p=11036 مەن نېمە ئۈچۈن ياشايمەن ؟

بېرتىراند رۇسسېل (ئەنگلىيە)

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: زۇلپىقار بارات ئۆز باش

ئاددىي، ئەمما ئاجايىپ كۈچلۈك بولغان مۇنداق ئۈچ خل ھېسىيات مېنىڭ ھاياتىمغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ:مېھىر – مۇھەببەتكە ئىنتىلىش ، بىلىم ئىستىكى ۋە ئىنسانلار چېكىۋاتقان ئازاب – ئوقۇبەتلەرگە بولغان چىدىغۇسىز ھېسداشلىق . مۇشۇ ئۈچ خىل ھېسىيات بورانغا ئوخشاش مېنى ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە قاڭقىتىدۇ ، كۆز يەتكۈسىز مەنزىللەرگە تاشلايدۇ؛چەت گىرۋەكلىرىگىچە ئۈمىدسىزلىك قاپلىغان چۇڭقۇر ئازاب دېڭىزلىرىغا غەرق قىلىدۇ.

مەن ئەڭ ئاۋۋال مېھىر – مۇھەببەت ئىزدەيمەن. چۈنكى ، ئۇ ماڭا چەكسىز خوشاللىقكى،مەن كۆپ ھاللاردا ئاشۇ بىر نەچچە سائەتلىك خوشاللىق ئۈچۈن ئۆمرۈمنىڭ قالغان يېرىمىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتمايمەن. ئۇنى ئىزدىشىمدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى ، ئۇ مەندىكى غېرىبلىق تۇيغۇسىنى يەڭگىللىتدۇ. بۇ غېرىبلىق شۇنچىلىك دەھشەتكى، ئۇنى چىرماپ تۇرغان تىترەڭگۈ ئاڭ دۇنياسىنىڭ ئۇ چېتىدە سوغۇق ، جانسىز، كۆز يەتكۈسىز بىر ھاڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. مېھىر – مۇھەببەتنى ئىزدىشىمدىكى ئاخىرقى بىر سەۋەب شۇكى ، مۇھەببەتنىڭ ئۇيۇلتاشتەك كۈچىنىڭ تەسىرىدە مەن سىرلىق بىر رەسىم ئارقىلىق مۇقەددەس ئادەملەر ، شائىرلار تەسەۋۋۇر قىلغان جەننەتنىڭ خىيالەن مەنزىرىلىرىنى كۆرگەندەك بولىمەن. مېنىڭ ئىزدەيدىغىنىم مانا مۇشۇ . بەلكىم ئۇ كۆرگەندەك بولىمەن. مېنىڭ ئىزدەيدىغىنىم مانا مۇشۇ . بەلكىم ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئىنتايىم مۇھىم كۆرۈنىدىغاندۇ . لېكىن بۇ مېنىڭ ئاخىرىدا ئېرىشىدىغىنىم .

مەن يەنە ئوخشاش ھېيىسات بىلەن بىلىم ئىزدەيمەن. ئادەملەرنىڭ قەلبىنى چۈشەنسەم دەيمەن. يۇلتۇزلارنىڭ نېمە ئۈچۈن چاقنايدىغانلىقىنىڭ  سەۋەبىنى بىلىشنى ئويلايمەن  ۋە شۇنداقلا «سان ھەرقانداق ئۆزگىرىشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»  دېگەن نوقتىئىنەزەر تۈگەللەنگەن پىفاگور تەلىماتىنىڭ تېگىگە يەتسەم دەيمەن. لېكىن، ھازىرغىچە بۇ توغرۇلۇق ناھايىتى ئاز چۈشەنچىگە ئېرىشتىم.

مېھىر – مۇھەببەت ۋە بىلىم ھازىرغىچە ئۆز ئىمكانىيەتلىرى بىلەن مېنى جەننەت دۇنياسىغا باشلاپ كەلگەنىدى . لېكىن ھەمىشە ھېسداشلىق مېنى يەريۈزىگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ . ئازابلىق نىدالار يۈرىكىمدە ئەكىس سادا ياڭرىتىپ تۇرىدۇ. ئاچارچىلىق ئىچىدىكى بالىلار ، ئىكىسپلاتاتورلار  رىيازەت تارتقۇزىۋاتقان ، قۇربانلىق بېرىۋاتقان كىشىلەر، ئوغۇللىرىنىڭ يەلكىسىگە مەجبۇرىي يۈك ئارتىلغان تايانچسىز قېرىلار ، غېرىبلىق ، نامراتلىق ، ئازاب ھۇۋلاپ تۇرغان دۇنيا ئىنسان ھاياتىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى بىر مەسىىخىرە . مەن بۇ دەھشەتلىك تۇيغۇلارنى يەڭگىللىتىشكە تەشنا ، لېكىن بۇ قولۇمدىن كەلمەيدۇ . ئازاب چەككىنىم چەككەن.

مېنىڭ ئۆتۈۋاتقان ھاياتىم مۇشۇ. مەن بۇنداق ھاياتنىڭ ئۆتكۈزۈشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ، مۇمكىنچىلىك يار بەرسە ئۇنى خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشۈم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم .

مەنبە: «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى»

 

]]>
?feed=rss2&p=11036 0
جىبران: تېشى پال – پال ، ئىچى غال – غال ?p=10893 ?p=10893#comments Sun, 29 Jul 2012 09:30:00 +0000 ?p=10893 تېشى پال – پال ، ئىچى غال غال

جىبران خېلىل جىبران

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

1

سالمان ئەپەندى

ئۇ 56 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ، ئالىپتە كىيىنىدىغان ، بوي – بەستى قاملاشقان ، پۇتىغا يىپ پايپاق كىيىپ ، ساقال – بۇرۇتلىرىنى چىرايلىق ياسىتىپ يۈرىدىغان ، قاچانلا قارىسا ئالىي دەرىجىلىك پاپىرۇس چېكىپ يۈرىدىغان كىشى ئىدى . پاختىدەك يۇمشاق قولىدىن چىرايلىق ھاسىسى چۈشمەيىتتى ، بارمىقىغا ئالماستىن كۆز قويۇلغان ئالتۇن ئۈزۈك سېلىۋالاتتى . ئۇ ھەمىشە كاتتا بايلار بارىدىغان ئالىي مېھمانخانىلاردا غىزالىناتتى . كۈنى كاتتا جايلارنى سەيلە – ساياھەت قىلىش ، ئويۇن – تاماشا بىلەن ئۆتەتتى . سىرىتقا چىقار بولسا ئىككى چىلان تۇرۇق ئات سۆرەيدىغان ھەشەمەتلىك پەيتۇنى تەييار ئىدى .

سالمان ئەپەندىگە دادىسىدىن ھېچقانچە پۇل – پۈچەك مىراس قالمىدى . دادىسى سودا – سېتىق بىلەنمۇ ھەپىلىشىپ باققان ، لېكىن چاپىنى تىزىدىن ئاشماي ئوغلىغا ھېچنېمە قالدۇرالمىغانىدى .

سالمان ئەپەندى ئۇچىغا چىققان يالقاۋ ، ئىش خوشياقمايدىغان يارىماس كىشى ئىدى ، ئۆزىنى بەك تۆۋەن چاغلايىتتى . بىر قېتىم بىز ئۇنىڭ : «تەن قۇۋۋىتىم ، مىجەز – خۇلقۇم ئىش قىلىشقا باب كەلمەيدۇ . ئەمگەكنىچۇ مىجەزى تۈرگۈن ، بوي – بەستى يوغان كىشىنىڭ قىلغىنى تۈزۈك» دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدۇق .

ئەمىسە ، سالمان ئەپەندى زادى قانداق بولۇپ بۇنچە كۆپ مال – دۇنيالىق بولۇپ قالدى ؟ قولىدىكى ئۈنۈمسىز يەرلىرى قانداق بولۇپ ئالتۇن – كۈمۈشكە ئايلاندى ؟

كۈمۈش يالىتىلغان ئېشەك تېزىكى ئۆمىكىنىڭ مەخپىيەتلىرىنىڭ بىرسى مۇشۇ شۇ . ئەزرائىل بىزگە مۇنداق بىشارەت بەرگەن . بۇنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرەيلى :

سالمان ئەپەندى بەش يىل مۇقەددەم باي ئايال چەشمە بىلەن توي قىلدى . چەشمەنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئېرى بەيتۇلئەس نۇئمان ھايات چېغىدا مال – دۇنياسى جىق كاتتا زەردار كىشى ئىدى . چەشمە 45 ياشقا كىرگەن ئايال بولۇشىغا قارىماي ، ناز – خۇلقلىرى ، بىر نەرسىگە ئىنتىلىشلىرى 16 – 17 ياشلىق قىزلاردىن قېلىشمايىتتى . شۇ يېشىدىمۇ چاچلىرىنى بوياپ ، قاش – كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىپ ، يۈزلىرىگە ئەرنلىك سۈرۈپ ياسىنىپ يۈرەتتى . ئۆزىنى شۇنچە ياساپ يۈرسىمۇ ئېرى سالمان تۈن تەڭ بولمىغۇچە ئۇنىڭغا قارىسىنى كۆرسەتمەيىتتى . ئۇ ئېرى بىلەن ئاندا – ساندا بىللە بولدى دېگەندىمۇ ، ئېرىنىڭ سوغۇق تەلەتى بىلەن قوپاللىقىدىن بۆلەك نەرسىگە ئېرىشەلمەيىتتى . چۈنكى سالمان كۈنبويى خوتۇنىنىڭ بۇرۇنقى ئېرىنىڭ قان – تەر تۆكۈپ تەستە تاپقان پۇللىرىنى سورۇش بىلەن مەشغۇل ئىدى .

2

 

ئەددىب ئەپەندى

ئۇ 27 ياشقا كىرگەن يىگىت . ئۇنىڭ خۇدايىم بەرگەن يوغان بۇرۇنى ئىككى كۆزىنىڭ ئارىسىدا چوقچىيىپ تۇرغىنى تۇرغان . قاچانلا قارىسىڭىز ئۇنى يۈز – كۆزى قاسماق ، قوللىرى توڭرا ، تىرناقلىرىنىڭ ئاستىنى قاپقارا كىر باسقان ، ئىگىنلىرى جۇلدۇر – كېپەن ، چاپىنىنىڭ پەشلىرى جۇۋازچىنىڭ تۇڭىدەك مايلىشىپ كەتكەن بىر ھالەتتە كۆرىسىز . ئاۋارە قىياپىتى ، تۆكۈلۈپ تۇرغان ئۈستىبېشى ئۇنىڭ كۆك نامرات ، ئاچ – زىرىن تۇرمۇشىدىن دالالەت بېرىپ تۇرىدۇ . ئۇ شۇ ھالىغا باقماي ، كۈنبويى روھىي دۇنيا ، يېشىلمىگەن مەسىلە ۋە ئىلاھىي تېمىلار ھەققىدە تەپەككۇر قىلىدۇ . . . . . بىز ئۇنىڭ ئەمىن جۈنەيىدنىڭ ① سۆزلىرىدىن نەقىل ئالغانلىقىنى ئاڭلىدۇق . ئۇ مۇنداق دەپتۇ :

زېھىننى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئىشقا چاچقىلى بولمايدۇ . يەنى ، ئەسەر يېزىۋاتقان بىر ئەدىبنىڭ ئۆزىنى تۈزەپ يۈرۈشكە نەدە ۋاقتى بولسۇن .

ئەددىب ئەپەندى ئاغزىغا كەلگەننى بوغۇزىغا يۇتمايدىغان ۋات – ۋات كىشى ئىدى ، لېكىن دېگەنلىرىنىڭ بىرسىنمۇ ئېسىدە تۇتماي ئۇنتۇلۇپ قالاتتى . ئاڭلىساق ، بېيرۇتتىكى بىر مەكتەپتە ئىككى يىل ئوقۇپ ، ناھايىتى مەشھۇر بىر ئۇستازدىن سىتىلىستىكا ، شېئىرىيەت ، ئەدەبىي بالاغەتتىن تەلىم ئاپتۇدەك . لېكىن ، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىرەر پارچە ماقالە چاغلىق نەرسە ئېلان قىلغىنىنى ئاڭلىمىدۇق . بۇنىڭغا ئۇنىڭ ئۆزرىسىمۇ ناھايىتى تولا . نېمە دەيدۇ دېمەمسىز ، ئەرەب ئاخباراتچىلىقى سەلتەنىتىنى يوقىتىپتىمىش ، ئوقۇرمىنى نادان خەلق ئۈچۈن بىر نەرسە يېزىش ئەخمەقلىقمىش .

يېقىندىن بۇيان ئەددىب ئەپەندى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلىشقا تۇتۇندى . بۇنىڭ بىلەنلا قالماي يەنە سوقرات بىلەن نېتىزىغا چوقۇندى ، ئاۋگۇستىننىڭ بايانلىرىدىن ھاياجانغا چۆمدى ، فرانسىيىنىڭ ئىككى بۈيۈك مۇتەپەككۇرى ۋولتاير بىلەن رۇسسۇنىڭ ماقالىلىرىنى زوق – شوق بىلەن ئوقۇدى . بىر تويدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بوپ قالدۇق . كىشىلەر ئۇنى چۆرىدەپ غەزەل – قەسىدىلەرنى ئوقۇدى ، قەدەھ تۇتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېچىلدى ئاغزى ، يۇمۇلدى كۆزى ، شېكىسپىرنىڭ «ھامېلىېت» ناملىق تراگېدىيىسى ھەققىدە ۋاتىلداشقا باشلىدى . يەنە بىر قېتىم بىز ئۇنى بىر داڭلىق شەخسنىڭ مېيىتىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر توپى ئارىسىدا كۆزگە چېلىقتۇردۇق . مېيىت ئۇزاتقۇچى ھازىدارلار چېھرىنى ئېغىر ھەسرەت – نادامەت تۇمانلىرى باسقان بىر ھالەتتە باشلىرىنى يەردىن ئۈزمەي ئېغىر قەدەملىرى بىلەن كېتىپ باراتتى . ئۇنىڭ شۇ ۋات – ۋات ئاغزى ئەبۇ نۇۋاسنىڭ② شاراپ ھەققىدىكى قەسىدىلىرى بىلەن ئىبىن ۋارىدنىڭ روھىي ئاشىقلىق ھەققىدىكى بېيىتلىرى توغرىسىدا قۇرۇق گەپ سېتىشتىن ھېچ توختاي دېمەيىتتى .

ئۇنداقتا ئەددىب ئەپەندىنىڭ ياشاشتىن مەقسىتى نېمە ؟ قەدىمىي كىتاب دۆۋىسى ئارىسىدا كۈنىنى ئۆتكۈزۈش نېچۈن ئۇنىڭغا زۆرۈر بوپ قالدى ؟ ئۇ نىچۈن بىر دۆت ئېشەك بولماي ، پاراسەت ئەھلىنىڭ ، ئىلىم ئاشىنالىرىنىڭ سېپىگە قىسىلىۋالىدۇ ؟

كۈمۈش يالىتىلغان ئېشەك تېزىكى ئۆمىكىنىڭ مەخپىيەتلىرىنىڭ ئىككىنچىسى مۇشۇ شۇ . ئىبلىسلار شاھى بىزگە مۇنۇلارنى ئاشكار قىلىدۇ . بىز بۇنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەيلى :

ئۈچ يىل مۇقەددەم ، ئەددىب ئەپەندى مۇتران ئالىيلىرىنىڭ شەرىپىگە بىر داستان پۈتتى ، كېيىن ھەبىبۇل سالۋانجا مۇتراننىڭ ھوزۇرىدا بۇ داستاننى ئوقۇدى . داستان ئوقۇلۇپ تامام بولغاندىن كېيىن ، مۇتران ئەددىبنى ھوزۇرىغا چاقىرتىپ كەلدى ۋە چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ يەلكىسىنى شاپاللاپ دېدى :

بالام ، ئاللا سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن . سەن قالتىس شائىركەنسەن ، كامالەتكە يەتكەن ئەدىبكەنسەن ! مەن سەندەك كىشىلەردىن ئىپتىخارلىنىمەن ! سېنىڭ شەرقنىڭ بۈيۈك زاتى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىڭگە شەكسىز ئىشەندىم !

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ، ئەددىبنىڭ دادىسى ، تاغىسى ۋە ھاممىسى ئۇنىڭغا ئىپتىخارلىق نەزەردە قارايدىغان بولدى ۋە كۆرەڭلىك بىلەن ئۇنىڭغا مۇنۇلارنى ئېيىتتى :

– مۇتران سېنى كەلگۈسىدە شەرقنىڭ بۈيۈك زاتى بولىدۇ دېمىگەنمىدى .

3

فارىد بەك

ئۇ 40 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ، ئۇزۇنتۇرا ، نوگايباش ، ئاغزى كالاچ ، ماڭلىيى تار ، تاقىرباش كىشى ئىدى . يول ماڭغاندا گىدىيىپ ، قاقىرىدەك ئۇزۇن بوينىنى ھېلى ئۇياققا – ھېلى بۇياققا تاشلاپ لىككاڭشىپ ماڭاتتى ، ئۇنىڭ قەدەملىرىنى ئۆزگىچە بىر رېتىمدا ئېلىشلىرى بەئەينى ئۆشنىسىگە يۈك ئارتىلغان تۆگىنىڭ لوكوسلاپ مېڭىشلىرىنى ئەسلىتەتتى . گەپ قىلغاندا ئاۋازىنى جاراڭلىق چىقىرىشقا ، ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشاتتى ؛ تونۇمايدىغانلار دۆلەتنىڭ بىرەر مىنىستىرى خەلقىگە موھىم ئىشتىن بىرەرنى قىلىپ بېرىش ئۈچۈن پەرمان چۈشۈرۈۋاتامدۇ نېمە دەپ قالاتتى .

فارىدبەك ئادەتتە ھېچئىش قىلمايىتتى ، ئاندا – ساندا نەدە خەقلەر توپلاشسا شۇلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىپ جەمەتىنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىدىن سۆز باشلايىتتى ، ئۆز نەسەبىنىڭ ئېسىللىكىنى كۆز – كۆز قىلاتتى . ئۇ ناپالىئون ، ئانتارا ③ غا ئوخشاش بۈيۈك شەخىس ۋە قەھرىمانلارنىڭ ئىش – ئىزلىرى ھەققىدە تەلقىن قىلىشقا ئامراق . ئۇنىڭ يەنە قورال – ياراغقىمۇ ئالاھىدە ھەۋىسى بار ، ئۆزى يىغقان نۇرغۇن ئېسىل بۇيۇملارنى تامغا رەت – رېتى بىلەن قاتىرىسىغا ئېسىۋېتەتتى . لېكىن ئۇنىڭ ھېچقايسىسىنى ئىشلىتىشنى ئۇقمايتتى .

ئۇنىڭ «تەڭرى ئىنساننى ياراتتى ھەم ئۇنى ئوخشىمىغان دەرىجىلەرگە بۆلدى ، بەزىلىرىنى بەگ – سىپاھ قىلدى ، بەزىلىرىنى مالاي – چاكار قىلدى . تەڭرى ياراتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پۇقرالار چۇلۋۇرى يېشىۋېتىلگەن ئەركىن ئېشەككە ئوخشايدۇ ، ئېگىسى مىنگەندىلا ئاندىن مېڭىشنى باشلايدۇ ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاجىزلىرى قەلەمدار ، كۈچلۈكلىرى ئەلەمدار بولىدۇ» دەيدىغان تۇرمۇش مىزانى بار ئىدى .

فارىدبەكنىڭ ئۆزىگە شۇنچە كېبىر – تەمەننا قويۇپ ، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماسلىقىنىڭ ، ئاغزىدىن قۇرۇق گەپ چۈشمەسلىكىنىڭ ، كۆرەڭلەپ تېرىسىگە پاتماي يۈرۈشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمىدۇر؟

كۈمۈش يالىتىلغان ئېشەك تېزىكى ئۆمىكىنىڭ مەخپىيەتلىرىنىڭ ئۈچىنچىسى مانا بۇ يەردە . پەرىشتىلەر مۇنداق بىشارەت بەرگەن ، بىز ئۇنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەيلى :

19 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى زامانلىرىدا پادىشاھ بەشىر شىھاب بىر توپ كىشىنى ئەگەشتۈرۈپ لىۋاننىڭ تاغ جىلغىلىرىدا كېتىۋېتىپ ، فارىدبەكنىڭ بوۋىسى مەنسۇرنىڭ تۇرالغۇسى جايلاشقان كەنتكە يېقىن جايدىن ئۆتۈپ قالدى . ئۇ كۈنى ھاۋا بۆلەكچە ئىسسىق بولۇپ ، قوياش زېمىننى گويا ھېلىلا ھاپ قىلىپ يۇتۇۋېتىدىغاندەك دەرىجىدە قىزدۇرۇۋەتكەنىدى . پادىشاھ ئاتتىن چۈشۈپ ئاكابىر – ئەشرەپلىرىگە دېدى :

– ئاكابىر – ئەشرەپلىرىم ، قېنى كېلىڭلار ، ئاۋۇ دەرەخنىڭ سايىسىدا بىردەم سەگىدىۋالايلى !

بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان مەنسۇر دېھقانلارنى چاقىرتىپ كېلىپ : «پادىشاھ ئۇلارنىڭ كەنتىنىڭ يېنىغا چۈشكۈن قىپتۇ» دېدى . دېھقانلارلار ئەنجۈر ، ئۈزۈم ، سۈت – پىشلاق ، مەي – شاراپ ، شىرنە – ھەسەللەرنى كۆتۈرۈشۈپ مەنسۇرنىڭ كەينىدىن ھېلىقى دەرەخنىڭ يېنىغا كەلدى . پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئېڭىشىپ شاھنىڭ تون – سەرۇپايلىرىنىڭ پەشلىرىنى ئۆپۈشتى ، ئاندىن قويدىن بىرنى بوغۇزلاپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ۋارقىراشتى :

– بۇ بىزنىڭ شاھىمىز ، ئاللاھ ئىگەم بۈگۈن بىزنى مۇشۇ كاتتا ئىلتىپاتقا نائىل قىپتۇ .

مەنسۇرنىڭ شۇ قەدەر مەرد – سېخىيلىقىنى كۆرگەن پادىشاھ چەكسىز مەمنۇن بولدى ۋە شۇئان بىر يۈرۈش تون – سەرۇپاي ئىنئام قىلىپ دېدى :

– شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى ، بۈگۈندىن ئېتىبارەن سەن مۇشۇ كەنتكە ئاقساقال بولدۇڭ ، كەنتىڭدىن ئېلىنىدىغان بۇ يىللىق غەللە – پاراق كەچۈرۈم قىلىندى .

شۇ كۈنى كېچە پادىشاھ كەتكەندىن كېيىن پۈتۈن كەنت ئەھلى ئاقساقال مەنسۇرنىڭ ھويلىسىغا توپلىنىپ ، ھەممىسى بىر ئېغىزدىن مەنسۇرنى يولباشچىمىز دەپ ئاتاشتى ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمنەپەس ، تەقدىرداش بولۇشقا ئەھدۇ – پەيمان قىلىشتى .

※          ※            ※

كۈمۈش يالىتىلغان تېزەك ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئىچى غال – غال ، تېشى پال – پال ، قىلىقلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ . مەخپىيەتلىكلىرىنىڭ سانى يوق . ھەر كۈنى ۋە تۈنى لەنىتى ئىبلىس بىزگە ئۇلارنىڭ ئەپتى – بەشرىسىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ ، كۈن بىزنى تۈن قوينىغا ئۇزىتىپ قويغۇچە سىلەرگە بۇنى ئاشكار ئېتەيلى . مانا شۇ تاپ يېرىم كېچە پەيتى بولۇپ تۇرۇپتۇ ، كۆز قاپاقلىرىمىز تۈن كېچىلەردە ئۇيقۇدىن بىدار بولۇشتىن ئاللىقاچان بەزدى ، بىزگە ئەمدى كۆزلىرىمىزنى بىردەم بولسىمۇ يۇمۇۋېلىشقا ئىجازەت بېرىڭلار ، چۈش كېلىنچەكلىرى روھلىرىمىزنى تېخىمۇ پاكىزە بىر دۇنياغا باشلاپ بارسا ئەجەپ ئەمەس .

ئىزاھات :

① ئەمىن جۈنەيد : (1756 – 1840 ) – سۈرىيىلىك شائىر .

② ئەبۇ نۇۋاس (تەخمىنەن 762 – يىلىدىن 814 – يىلىغىچە) – ئەرەب ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر . ئۆزى شاراپقا ئامراق بولغاچقا ، ھەمىشە مەي – شاراپ ھەققىدە نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان . شۇڭا ئۇنىڭ «مەي شائىرى» دېگەن نامى بار . ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ھېسسىيات بەكمۇ ئەركىن ، ئىشلەتكەن تىللىرى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ ، ئەنئەنىۋى شېئىرىي شەكىللەرنى بۇزۇپ تاشلاپ ، ئەرەب شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭىچە ماكان ھازىرلاپ بەرگەن . ئۇنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان زامانغا ۋە كېيىنكى زامانغا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ .

③ ئانتارا (525 – 616) – قەدىمكى ئەرەب چەۋەندازى .

(خەنزۇچە «جىبران كلاسسىك نەسىرلىرىدىن جەۋھەرلەر»ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى )

]]> ?feed=rss2&p=10893 1 جىبران: ناركوز دورىسى ۋە ئوپراتسىيە پىچىقى ?p=10891 ?p=10891#respond Sun, 29 Jul 2012 09:28:30 +0000 ?p=10891 ناركوز دورىسى ۋە ئوپراتسىيە پىچىقى

جىبران خېلىل جىبران

تەرجىمە قىلغۇچى : ھەزرىتى ئەلى بارات

 

– ئۇ تەلۋىلىكتە ئۇچىغا چىققان رادىكال .

– ئۇ ياش بوغۇنلارنىڭ ئەخلاقىنى پايخان قىلىش قەستىدە ئەسەر يازىدىغان بىر خىيالپەرەس .

– نىكاھ قەسرىدە تۇرۇۋاتقان ئەر – ئاياللار جىبراننىڭ نىكاھ ھەققىدىكى قاراشلىرىغا چىنپۈتىدىكەن ، ئائىلىسىنىڭ تۈۋرۈكى غۇلايدۇ ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجىللىق ئىمارىتى كۇمپەيكۇم بولىدۇ ، پۈتۈن جاھان بەئەينى دوزاخقا ئايلىنىپ ، ئاۋام ئەرۋاھ ئورنىغا چۈشۈپ قالىدۇ .

– ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ ئەس – ھوشۇڭلارنى يوقىتىپ قويماڭلار ! ئۇنى ئىنسانىيەتنىڭ كۈشەندىسى دەپ بىلىڭلار!

– ئۇ بىر ئانارخىست ، ئۇ بىر ئاسىي مۇرتەد . ئى قۇت تېغىدىكى خالايىق ، ئۇنىڭ تەلىماتلىرىنى كۆزدىن يوقىتىڭلار ، ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىڭلاركى ، ئۇنىڭ يازمىلىرى روھىڭلارنى كىرلەشتۈرۈپ قويمىسۇن !

– مەن ئۇنىڭ «سۇنغان قانات» دېگەن نەسىرىنى ئوقۇدۇم ، بىلدىمكى ئۇ لوق گۆش ئارىسىغا سېلىنغان زەھەر ئىكەن .

خالايىق مەن ھەققىدە ئەنە شۇنداق تەلقىنلەردە بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ئېيىتقانلىرىنىڭ ھېچ خاتاسى يوق ، مەن دېمىسىمۇ تەلۋىلىكتە ئۇچىغا چىققان بىر رادىكالمەن . ۋۇجۇدۇمدىكى گۇمراھلىق خاھىشى تىكلەش خاھىشىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . كىشىلەرنىڭ نەرسىگە چوقۇنۇپ كېتىشلىرىگە ئىچ – ئىچىمدىن بىزارلىقىم تۇتىدۇ ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا نائىل بولالماي تالادا بويۇن قىسىپ قالغان نەرسىلەرنى كۆرسەم سۆيۈنۈپ كېتىمەن . ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىغا يامراپ كەتكەن ئەنئەنە ، ئادەت ۋە ئېتىقادلىرىنى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلاشقا قۇربىتىم يەتسە ئىدى ، بىر مىنۇتمۇ تەخىر قىلماس ئىدىم . گاھىلار ئەسەرلىرىمنى «لوق گۆش ئارىسىغا سېلىنغان زەھەر» دەپ تەرىپلىشىپتۇ ، شۇ سۆزلىرى بىلەن چۈمپەردە كەينىگە يوشۇرۇنغان ھەقىقەتنى ئاشكارا قىپتۇ . مەن لوق گۆش ئارىسىغا زەھەر سېلىپ قويدۇملا ئەمەس ، بەلكى ئاشۇ لوق گۆشنىڭ ئارىسىدىكى زەھەرنى سىقىپ چىقىرىپ ، ئۇنى سۈزۈك ئەينەك جامغا قۇيدۇم . . . . .

ئۆز روھلىرىنى قارىتىپ قويۇپ مەندىن ئەپۇ تەلەپ قىلىشىۋاتقان ، مېنى «قارا بۇلۇتلار قوينىدا كېزىپ يۈرىدىغان خىيالپەرەس» دەپ تەرىپلىشىۋاتقان كىشىلەر سۈزۈك جامدا كۆزنى قاماشتۇرۇپ يالتىراپ تۇرغان ئاشۇ نەرسىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قېلىشىدۇ ، بۇرۇن «زەھەرلىك» دەپ قارىغان بۇ ئۇسسۇزلۇقتىن ۋاز كېچىدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاشقازانلىرى بۇزۇلغان ، ئۇنى ھەزىم قىلالىغۇدەك مادار ئۇلاردا يوق .

بەلكىم بۇ گەپلىرىم قۇلاقلىرىڭلارغا مۇشت ئۇرغاندەك قوپال ئاڭلانغاندۇ ، لاۋزا تۇيۇلغاندۇ . لېكىن ، لاۋزىلىققا قوپاللىق قوشۇلسا ئاسىيلىققا سىيلىقلىق قوشۇلغىنىدىن ياخشىراق ئەمەسمۇ ؟ لاۋزىلىق ئارقىلىق ھېچبولمىغاندا ئۆز – ئۆزىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ ، لېكىن ئاسىيلىق باشقىلار ئۈچۈن پىچىلغان توننى ئۇچىسىغا ئارتىۋېلىش بولماي نېمە .

شەرقلىكلەر ھەسەلگە ئامراق كېلىدۇ ، ئۇلار ئۈچۈن ھەسەلدىن ئۆزگە مەززىلىك تائام يوق . ئۇلار ھەسەلنى زىيادە كۆپ يەۋەتكەچكە ئۆزلىرىمۇ ھەسەلگە – ئوتنى كۆرسە ئېرىيدىغان ، مۇزنى كۆرسە قاتىدىغان شىرنىگە ئايلىنىپ كەتكەن .

شەرقلىكلەر شائىرلارنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ، شاھىنشاھلىرى ، ھۆكۈمدارلىرى ۋە باش ئېپىسكوپلىرى ئۈچۈن كۈجىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىستەيدۇ . شەرق ئاسمىنىنى ئىسرىقدان ۋە قەبرىستانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس – تۈتەكلەر قاپلىغان ، لېكىن ئۇلار قانائەتتىن تېخىچە يىراق . زامانىمىزدا شېئىرىي بالاغەتتە مۇتەنەببىي بىلەن بەيگىگە چۈشەلەيدىغان قەسىدە شائىرلىرى بار ، خەنساغا① ئوخشاش ئازاب تۇيغۇسىغا ئىگە شائىرلار بار ، شېئىرىي لاتاپەتتە شافىدىن ھارىدىن② ھالقىپ كەتكەن مۆتىۋەر شائىرلارمۇ بار .

شەرقلىكلەر ئالىملىرىغا بۇرۇن ئۆتكەن ئابا – ئەجداتلىرىنىڭ تارىخىنى ، ئىز – خارابىلىرىنى ، ئۆرپ – ئادەت ، ئەنئەنىلىرىنى ، كالامپاي تىلىنى ، مۇرەككەپ سۆزلۈكلىرىنى ، ئۆزلىرىنىڭ تايىنى يوق سىتىلىستىكىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كۈن ۋە تۈنلىرىنى خورىتىش تەلىپىنى قويىدۇ .

شەرقلىكلەر مۇتەپەككۇرلىرىدىن بېدىرباي ③ ، ئىبىن رۇشىد ④ ، ئېفرام سارىيانى ⑤ ۋە جون دەمەشىق ⑥ نىڭ گەپلىرىنى قۇلاق تۈۋىدە قايتا زاھىر قىلىشنى ؛ ئەسەرلىرىدە ئاقماس تەنبىھلەر ، قوپال نەسىھەتلەر ۋە ئاشۇ نەسىھەتلىرىدە قوللىنىلغان ھېكمەت ۋە ئايەتلەرنىڭ چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ . كىمىكى شۇ ئايەتلەر بويىچە ئىش كۆرىدىكەن ، شۇنىڭ ھاياتى قارا كۆلەڭگىلەر ئاستىدا ياشايدىغان ئاجىز ئوت – چۆپلەرگە ، روھلىرى ئەپيۇن ئارىلاشتۇرۇلغان ئىللىق سۇغا ئوخشاپ قالىدۇ .

قىسقىسى ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللىقاچان قولدىن بېرىپ قويغان سەھىنىلىرىدە ياشاۋاتقان شەرقلىكلەر پاسسىپ ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان نەرسىلەرگە ئامراق ، ئاكتىپ ، بىغۇبار ، ئۆزلىرىنى غىدىقلاپ شېرىن چۈش قوينىدىكى سۈت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدىغان پرىنسىپ ۋە تەلىملەردىن بىزار .

شەرق كېسەل كۆرپىلىرىنىڭ تېنىنى تۈرلۈك تۈمەن كېسەل چىرمىدى ، ۋابا سالجىدەك چاپلاشتى ، ئۇزۇن يىل كېسەل ئاسارىتى دەستىدە تەنلىرى ئاغرىق ئازابىغىمۇ كۆنۈپ قالدى ، ساقايماس مەرەز كېسەل ، ئاغرىق – سىلاق ئۇلارنىڭ نەزەرىدە تۇغما ئارتۇقچىلىق سانالدى ، ھەتتا ئۇنى سۆيۈملۈك قۇسۇر ئورنىدا كۆرۈپ ، ئالىيجاناب روھ بىلەن ساغلام تەندە كەم بولسا بولمايدىغان ئارتۇقچىلىق دەپ بىلدى ؛ مەگەركى ، كىمدە شۇنداق نۇقسان بولمايدىكەن ، شۇ كىشى تۇغما تالانتى ۋە مۇكەممەل غايىسىدىن مەھرۇم بولغان مەجرۇھلار قاتارىغا چىقىرىۋېتىلدى .

شەرقتە نېمە تولا تىۋىپ تولا ، ئۇلار ھەدېسە كېسەل كارىۋىتى ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ بىمارغا دېئاگنوز قويىدۇ . ئۇلار بىمارنىڭ كېسەل ئازابىغا بىردەملىك مەلھەم بولالايدىغان ناركوز دورىسىلا كېسىپ بېرەلەيدۇ ، كېسەلنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتالايدۇ ، لېكىن كېسەلنى يىلتىزىدىن يوقىتالمايدۇ .

روھنى ناركوزلاش دورىلىرىنىڭ تۈرى جىق ، شەكلى خىلمۇ خىل . كېسەل ئۆزئارا يۇققانغا ئوخشاش ، بىر خىل ناركوز دورىسى يەنە بىر خىل ناركوز دورىسىنى پەيدا قىلدى . شەرقلىكلەرنىڭ تېنىدە ھەر قېتىم يېڭى بىر خىل كېسەل ئاسارىتى كۆرۈلگەن ھامان تېۋىپلار يېڭىچە بىر خىل ناركوز دورىسىنى ئىختىرا قىلىشقا ئارانلا تۇرىدۇ .

ئاشۇنداق ناركوز دورىلىرىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ . بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب شۇكى ، بىمارلار مەشھۇر تەقدىر – قىسمەت نەزەرىيىسى پەلسەپىسىگە باش ئېگىدۇ . ئۇنىڭدىن بۆلەك ، دوختۇرلارنىڭ كۆڭلىدىمۇ ئەندىشە بولغاچقا ، پايدا قىلىدۇ دېگەن دورىسىنىڭ بىمارنىڭ تېنىنى ئاغرىتىپ قويۇشىدىن قورقىدۇ .

شەرقلىق تېۋىپلارنىڭ ئائىلە كېسلى ، دۆلەت كېسىلى ۋە دىنىي كېسەللەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ناركوز دورىسى ، تىنچلاندۇرۇش دورىسى توغرىسىدىكى بىر نەچچە مىسالنى سۆزلەپ بېرەي .

تۈرلۈك ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېرى ئايالىدىن بىزار بولدى ، ئايالنىڭمۇ ئەردىن كۆڭلى قالدى . شۇ ۋەجىدىن ئۆيدە ئۇرۇش – تالاش قۇرۇمىدى ، ئەر – ئايالنىڭ كۆڭلى بىر – بىرىدىن سوۋۇپ كەتتى . بىر سوتكا ئۆتە – ئۆتمەي ئەر تەرەپنىڭ تۇغقانلىرى ئايال تەرەپنىڭ تۇغقانلىرىنى ئىزدەپ بېرىپ جىق خىزمەت ئىشلىدى ، ياغلىما گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ نىكاھ قەسرىگە ئاللىقاچان دەز كەتكەن ئەر – ئايالنى يەنە ئۆي تۇتقۇزۇپ قويدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئايال تەرەپنى چاقىرتىپ كېلىپ قىزنى ئۇياتقا قالدۇرىدىغان ، لېكىن قەلبىدىن قايىل قىلالمايدىغان تەنبىھ – نەسىھەتلەرنى توقۇپ چىقىپ ، قىزنىڭ ھېسسىياتىنى گاڭگىرىتىپ قويدى . ئاندىن ئەر تەرەپنى چاقىرتىپ كېلىپ ، كۆڭۈلنى يۇمشىتالايدىغان ، لېكىن ئىرادىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغان چىرايلىق گەپ – سۆزلەر ، ئىبرەتلىك ھېكمەتلەر بىلەن ئەرنىڭ كاللىسىنى بىخۇدلاشتۇردى . شۇنداق قىلىپ ، روھىي جەھەتتىن بىر – بىرىدىن مېھرى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بۇ بىر جۈپ ئەر – خوتۇن ۋاقتىنچە يارىشىپ قالدى ؛ يۈرىكىدىن كېلىۋاتقان تىۋىشلارغا قۇلاق سالماي قايتىدىن جەم بولدى . لېكىن بۇمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنڭ سەۋەب قىلغان ناركوز دورىسى كۈچىدىن قالدى ، ئەر تەرەپنىڭ يەنە بىزارلىقى تۇتتى ، ئايال تەرەپمۇ ھەسرەت – نادامەت چۈمپەردىسىنى قايرىپ تاشلىدى . لېكىن ، ئۇلارنى تۇنجى رەت ياراشتۇرۇپ قويغان كىشىلەر يەنە كارامىتىنى ئىشقا سالدى ؛ ناركوز دورىسى يەپ كۆنۈپ قالغانلارمۇ يەنە بىر جام ئىچىشىنى رەت قىلمىدى .

كىشىلەر زالىم ھۆكۈمەت ۋە كونا تۈزۈمگە قارشى قوپتى ، گۈللىنىش ۋە ئازاتلىقنى مەقسەت قىلغان بىر ئىسلاھات جەمئىيىتىنى تەشكىللىدى . ئۇلار دادىللىق بىلەن نۇتۇقلارنى سۆزلىدى ، قايناپ – تېشىۋاتقان ھېسسىياتلىرىنى قەغەزلەرگە پۈتۈشتى ، جەمئىيىتىنىڭ نىزام ۋە پروگراممىلىرىنى ئېلان قىلىشتى ، ۋەكىللەرنى ، ئۆمەكلەرنى ئەۋەتىشتى . ئارىدىن بىر – ئىككى ئاي ئۆتە – ئۆتمەي ، ھۆكۈمەتنىڭ شۇ جەمئىيەتنىڭ كاتتىباشلىرىنى تۇتۇپ قامىغانلىقىنى ياكى ئۇلارغا مەنسەپتىن بىرەرنى تۇتقۇزغانلىقىنى ئاڭلىدۇق . ئىسلاھات جەمئىيىتى توغرىسىدىكى پاراڭلارمۇ شۇندىن ئېتىبارەن جىمىپ قالدى . چۈنكى ، جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى ھەممىگە ئايان بوپ كەتكەن ناركوز دورىسىدىن ئىستېمال قىلغاچقا ، جىمىپ قالغان ، تەسلىم بولغانىدى .

بىر توپ كىشى دىنىي داھىيغا قارشى قوپتى ، بەزى تۈپ مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ ، داھىينى تەنقىد قىلدى ، تۆھپىلىرىنى ئىنكار قىلدى ، قىلمىش – ئەتمىشلىرىدىن سەسكىنىشتى . ئۇلار داھىيغا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتكە يېقىن ، خىيالىيلىق ۋە خۇراپىيلىقتىن خالىي تەلىماتلارغا ئەگەشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالدى . ئارىدىن ھېچقانچە ئۆتمىدى ، دۆلەت ئەركانلىرىنىڭ چوپان بىلەن قوي پادىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگەتكەنلىكىنى ، ناركوز دورىلىرىنىڭ سىرلىق كارامىتىدىن پايدىلىنىپ داھىينىڭ ئىززەت – ھۈرمىتىنى قايتا تىكلىگەنلىكىنى ، ئاسىي – مۇرتەدلەرنىڭ قەلب قەسرىدە دىنىي داھىينىڭ بۈيۈك سىيماسىنى يېڭىباشتىن تىكلىگەنلىكىنى ئۇقتۇق .

تېنى زەئىپلىكتىن نىمجان ھالغا چۈشكەن ئېزىلگۈچى ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە قۇدرەتلىك زۇلۇمكارنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىدىن دادلىدى . قوشنىسى ئۇنىڭغا : «دادلىمىغىن ! قارشى تۇرغۇچىلارغا كۆزىنى ئويۇش جازاسى بېرىلىدۇ» دېدى .

مۇناخنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ساداقىتىدىن گۇمانلانغان بىر يېزىلىق كىشىگە ھەمراھى ئېيىتتى :

– بولدى قىلغىن ! «موللامنىڭ دېگىنىنى قىل ، قىلغىنىنى قىلما» دېگەننى ئاڭلىمىغانمىدىڭ ؟!

بەسىرە ۋە كۇفە ئېقىمىنىڭ تىل ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئۆلۈك ھالدا يادلاۋاتقان تالىپلىرىغا ئۇستازى دېدى :

– يالقاۋ ، ئىش خوشياقمايدىغان لىڭتاسما كىشىلەر ئۆزلىرىگە گۇناھتىنمۇ يىرگىنىچلىك باھانىلەرنى تېپىشماقتا .

قىزچاق مومىسىنىڭ ئادىتىگە كۆنمىدى ، ئانىسى دېدىكى :

– قىز ھەرقانچە قىلغىنى بىلەنمۇ ئانىسىدىن ئەۋزەل بولالمايدۇ ؛ مەن بېسىپ ئۆتكەن يوللارنى سەنمۇ ھازىر مېڭىۋاتىسەن .

دىندىكى قوشۇمچە بۇيۇمنىڭ مەنىسىنى سورىغان بىر يىگىتكە باستېر مۇنداق دېدى :

– كىمىكى شەيئىلەرنى ئېتىقادىي نەزەردە كۆزەتمەيدىكەن ، شۇ بۇ دۇنيادا ئىس – تۈتەك بىلەن تۇماندىن بۆلەكنى كۆرەلمەيدۇ .

ئەنە شۇ تەرزدە كۈنلەر بىر – بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋەردى . شەرقلىكلەر كېسەل چىللايدىغان يۇمشاق تۆشەكلىرىدە سۈت ئۇيقۇسىنى داۋام ئېتىۋەردى ؛ بۈرگىلەرنىڭ چېقىشىدىن بىرەر مىنۇت ئويغىنىپ كەتتى – يۇ ، تۈگىمەس ئۇيقۇغا يەنە غەرق بولدى ؛ تومۇرلىرىدا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ناركوز دورىسىنىڭ پەپىلەشلىرىگە بۆلۈنگەن بۇ شېرىن ئۇيقۇ ئەنە شۇنداق قىلىپ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس بوپ قالدى . ئارىدىن بىرسى بۇ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ ئۇخلاۋاتقانلارنى بار ئاۋازى بىلەن چاقىردى ، ھويلا – ئاراملىرى ، ئىبادەتخانىلىرى ، قازىخانىلىرى شاۋقۇن – سۈرەن بىلەن تولغاندىلا ئاندىن ئۇلار ئۇيقۇدىن ئېغىرلاشقان كۆزلىرىنى تەستە ئېچىشتى ، تازا بىر ئەسنىۋەتكەندىن كېيىن دېيىشتى :

– قايسى بىئەدەپ چوشقىنىڭ قىلغان ئىشى بۇ ! يا ئۆزى ئۇخلىمىغان ، يا كىشىنى ئۇخلاتمىغان ! – ئۇلار كۆزلىرىنى يەنە يۇمۇشتى – دە ، روھىغا مۇنۇلارنى پىچىرلىدى ، – خۇداغا ئىشەنمەيدىغان بۇ مۇرتەد شۇ تاپتا ياش بوغۇنلارنىڭ ئەخلاقىي قورغانلىرىنى پايخان قىلىۋاتىدۇ ، ئابا – ئەجداتلىرىمىز ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان ئىمارەتلەرنى كۇمپەيكۇم قىلىپ ، ئادىمىيلىككە زەھەرلىك ئوق ياغدۇرۇۋاتىدۇ .

ئۆز – ئۆزۈمدىن : «مەن ناركوز دورىسى ۋە تىنىچلاندۇرۇش دورىسى ئىچىشنى رەت قىلىدىغان ئاسىي ئويغاقمۇ – ئەمەسمۇ» دەپ تالاي قېتىملاپ سورىدىم . روھىم ماڭا مۈجمەل گەپلەر بىلەن جاۋاب بەردى . كىشىلەرنىڭ ئىسمىمنى قارغاشقانلىقلىرىنى ، تەشەببۇسلىرىمدىن سەسكەنگەنلىكلىرىنى ئاڭلىغىنىمدىلا ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي بىر ئويغاق ئىنسان ئىكەنلىكىمگە ئىشەندىم ، ئۆزۈمنىڭ شېرىن خىياللار قوينىغا ئەسىر بوپ كەتمەي ، تەنھا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئەزا بولۇشنى ئىستەۋاتقانلىقىمنى بىلدىم . ھايات ئۇلارنى ئازغان – تىكەن بىلەن گۈل – چىمەنلەر تەڭ ئۆسكەن ، چىلبۆرىلەر بىلەن كۈي – غەزەللەرگە ئاشىق بۇلبۇللار تەڭ ماكان ئەيلىگەن چىغىر يوللاردا ئەگەشتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى .

ئويغاقلىق بىر خىل پەزىلەت سانىلىدىكەن ، ئۇنداقتا ئۆزۈمنى ئويغاق كۆرسىتىۋېلىشتىن ئۇيىلىمەن . لېكىن ئۇ نەزەرىمدە پەزىلەت ئەمەس ، بەلكى تەنھالىقنى ئىستەۋاتقان كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان ئاجايىپ بىر خىل رېئاللىق ؛ ئۇلار كۆرۈنمەس بىر يىپقا باغلىنىپ ، ئۇنىڭ ئاشۇ داغدۇغىلىق مەنىسىگە ئەسىر بولۇشقىنىچە بىئىختىيار ھالدا ئاشۇ غايىبانە يىپقا ئەگىشىپ ماڭماقتا .

چىن تۇيغۇلىرىنى ئاشكارىلاشتىن ئۇيۇلۇش مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇچىغا چىققان ساختىپەزلىك ، لېكىن شەرقلىكلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇ «تەربىيە كۆرگەنلىك» .

كەلگۈسىدە ئەدىبلەر ، مۇتەپەككۇرلار مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ ، تېرىككىنىدىن مۇنداق دېيشىدۇ :

– ئۇ تۇرمۇشنى قاراڭغۇدا تۇرۇۋېلىپ كۆزىتىدىغان بىر رادىكال . ئۇ ئارىمىزدىلا بولىدىكەن ، بىزنىڭ ھالىمىزغا ئېچىنىپ ھەسرەت چېكىدۇ ، ئاھ ئۇرىدۇ ، ياش تۆكىدۇ . ئۇنىڭ كۆزىگە قاراڭغۇ زۇلمەتتىن بۆلەك ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ .

مەن ئاشۇ ئەدىبلەرگە ، مۇتەپەككۇرلارغا مۇنداق دەيمەن :

– ئەي شەرق ، مەن سەن ئۈچۈن ياش تۆكىمەن . چۈنكى ، جىنازا ئالدىدا تۇرۇپمۇ ئۇسسۇل ئويناش ئۆتۈپ كەتكەن تەلۋىلىك .

ئەي شەرقلىكلەر ، مەن سىلەر ئۈچۈن ياش تۆكىمەن . چۈنكى كېسەل ئاسارىتىدە قىينىلىۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدا ئويۇن – كۈلكە قىلىش نادانلىقنىڭ ئۈستىگە نادانلىق .

ئەشۇ سۆيۈملۈك ئېلىم ئۈچۈن نادامەت چېكىمەن ، چۈنكى كۆزىدىن ئايرىلغان بىر ئەمانىڭ ئالدىدا غەزەل توۋلاش ئۆتۈپ كەتكەن بىغەرەزلىك .

مەن ئۇچىغا چىققان بىر رادىكال ، چۈنكى ھەقىقەتنى ئاشكارىلايدىغان مۆتىدىل ئېقىمدىكىلەر پەقەت ھەقىقەتنىڭ يېرىمىنىلا ئوتتۇرىغا چىقىرالايدۇ ، قالغان يېرىمىنى تېررورلۇقنىڭ چۈمپەردىسى كەينىگە يوشۇرۇپ قويۇپ كىشىلەرنى ساراسىمگە سالىدۇ ، ۋەھىمىگە چۈشۈرىدۇ .

چىرىگەن جەسەتلەرنى كۆرۈپ ئىچ – ئىچىمدىن سەسكىنىپ كەتتىم ، ئىختىيارسىز ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى ، قەلبىمنى ئەنسىزلىك تۇمانلىرى ئىگىلەپ ھېچ بىر تاقىتىم قالمىدى . سول يېنىغا بىر ئىستاكان مۇزدەك ئۇسسۇزلۇق ، ئوڭ يېنىغا بىر لىگەن تاتلىق تۇرۇم قويۇلغان چىرىگەن بىر جەسەت بىلەن روبرو ئولتۇرۇشقا تاقىتىم يوق .

ناۋادا بىراۋلار مېنىڭ ھەسرەت – نادامەتلىرىمنى شاد كۈلكىگە ، سەسكىنىشلىرىمىزنى ھېسىداشلىققا ، رادىكاللىقىمنى مۇلايىملىققا ئايلاندۇرۇشنى ئىستىمەك بولىدىكەن ، ئۇنداقتا كۆز ئالدىمدا ئادىل ھۆكۈمدار ، ئوتتۇرىدا لىللا تۇرىدىغان بىر قانۇنچى ھازىر قىلسۇن ، ئۆزى دېگەن ئەمىر – مەرۇپلار بويىچە ئىش كۆرىدىغان بىر يولباشچى ھازىر قىلسۇن ، شۇنداقلا ئاياللىرىغا ئۆزلىرىنىڭ نەزەرى بىلەن قارايدىغان ئەرلەرنى ھازىر قىلسۇن .

مەگەركىم ، كىمىكى مېنى ئۇسسۇلغا چۈشۈرمەك بولىدىكەن ، دېپىمنىڭ تاراڭلاشلىرىغا ، نېيىمنىڭ كۈيلىرىگە قۇلاق سالسۇن ؛ مېنى قەبرىلەر ئارىسىغا تاشلاپ قويماي ، تويى بولغان يىگىتنىڭ ئۆيىگە باشلىسۇن .

ئىزاھات :

① خەنسا (557 ؟ – 664) – قەدىمكى دەۋردىكى مەشھۇر شائىرە .

② شافىدىن ھارى (1277 – 1349) قەدىمكى ئەرەب شائىرى .

③ بېدىرباي – ئەرەبلەرنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «كەلىلە ۋە دېمىنە» دە تىلغا ئېلىنىدىغان ھىندى پەيلاسوپى .

④ ئىبىن رۇشىد (1126 – 1198) قەدىمكى ئەرەب پەيلاسوپى ، تەبىئىي پەن ئالىمى ، مەشھۇر تېۋىپ ، فىقھىشۇناس .

⑤ ئېفرام سارىيانى (306 – 373) پراۋسلاۋىيە دىنى پوپى .

⑥ جون دەمەشىق (تەخمىنەن 675 – 749 – يىللار) قەدىمكى ئەرەب دىنشۇناسى ، پېد

]]>
?feed=rss2&p=10891 0