ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز – پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى http://www.pasahet.net Fri, 04 Nov 2016 04:54:31 +0000 ug-CN hourly 1 تەرجىمە ئەسەرلىرىم كاتالوگى ?p=11825 ?p=11825#comments Mon, 24 Oct 2016 18:15:59 +0000 ?p=11825 ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمە ئەسەرلىرى كاتالوگى

 

ھەزرىتى ئەلى بارات 1978- يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1997- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 2001- يىلى 7- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 2001- يىلى 6- ئايدىن 11- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشخانىسى تەرجىمە بۆلۈمىدە تەرجىمان، مەزكۇر ئىدارىنىڭ قارىمىقىدا چىقىدىغان «بازار يېتەكچىسى» گېزىتىدە تەرجىمان، تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2002- يىلى 5- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىغا ئىشقا چۈشكەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.

ھەزرىتى ئەلى بارات ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرىنچى يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانغان، 1998- يىلى 7- ئايدا «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «سۇ ئاۋازى» ناملىق مىكرو تەرجىمە ھېكايە بىلەن تەرجىمە سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىزچىل ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «تارىم»، «شىنجاڭ باج ئىشلىرى»، «شىنجاڭ سودا- سانائىتى ژۇرنىلى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، «يېرىم ئايلىق سۆھبەت» قاتارلىق ژۇرناللاردا، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»، «بازار يېتەكچىسى»، «ئاسىيا كىندىكى» قاتارلىق گېزىتلەردە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ھەزرىتى ئەلى باراتنىڭ ھازىرغىچە تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ كاتالوگى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، رومان ۋە ھەر خىل ژانېردىكى كىتابلار:

1. «دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى»، ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى (ئەنگلىيە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2009- يىل 8- ئاي نەشرى

2. «قەلئە»، ئاپتورى: فرانىز كافكا (ئاۋستىرىيە)، 2012- يىل 1- ئاي نەشرى

3. «تولغان بەدەن» (ئىككىنچى تومى)، ئاپتورى: مويەن (2012- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)، 2012- يىل 1- ئاي نەشرى

4. «شاكىلاتتەك يازلىق تەتىل» (بالىلار رومانى)، راھىلە بارات بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن- سىن نەشرىياتى، 2012- يىل 5- ئاي نەشرى

5. «خاركېرنىڭ ئاجايىپ كەچۈرمىشلىرى» (بالىلار رومانى)، ئاپتورى: مارك تىۋىن (ئامېرىكا)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001- يىل 6- ئاي نەشرى

6. «سادات زۇڭتوڭ قەستكە ئۇچرىغان كۈنلەردە»، ئاپتورى: نەجىپ مەھفۇز (مىسىر، 1988- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)، دۇنياۋى مەشھۇر پوۋېستلار مەجمۇئەسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىل- 7- ئاي نەشرى

7. «بىئوۋۇفنىڭ يالماۋۇزنى بويسۇندۇرۇشى» (ئەنگلىيە، دۇنيادىكى ئون چوڭ ئېپوس)، ئوسمانجان مۇھەممەت ئاكا بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005- يىل 7- ئاي نەشرى

8. «سۇيىقەست»، رومان، قۇدرەت بارات بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2015- يىل 12- ئاي نەشرى

9. «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار»، راخمان مامۇت ئاكا بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، يازغۇچىلار نەشرىياتى 2015- يىللىق 5 – ئاي نەشرى

10. «بۇ يەردە مەنزىرە زەپمۇ گۈزەل» (ۋاڭ مېڭنىڭ رومانى) (2- تومى)، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجخمە قىلغان، 2014- يىل 4- ئاي نەشرى

11. «ساددا ۋە ھەسرەتلىك يازغۇچى» ، ئاپتورى: ئورخان پامۇك، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى، 2015- يىل 7- ئاي نەشرى

12. «ئاشقازان نېمىشقا ئۆزىنى ھەزىم قىلىۋېتەلمەيدۇ» (بالىلار قامۇسى 7- قىسىمى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2016- يىل 6- ئاي نەشرى

13. «باھار شامىلى ئېلىپ كەلگەن ھېكايە»، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2013- يىل 11- ئاي نەشرى

14. «شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار»، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2013- يىل 6- ئاي نەشرى

15. «يېزا قانۇن ئاساسىي بىلىملىرى قوللانمىسى»، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2010- يىل 6- ئاي نەشرى

16. «زېمىن قىزى: سىمېدلىي ھەققىدە ھېكايە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2011- يىل 9- ئاي نەشرى

17. «قانۇن ھەققىدە ھېكايە»، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى، 2015- يىل 9- ئاي نەشرى

18. «ياشلىق دەۋرىدىكى پىسىخىك مەسلىھەت Ⅱ«، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005- يىل 2- ئاي نەشرى

19. «يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن ــــ قۇدرەتلىك قورال- ياراغلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008- يىل 8- ئاي نەشرى

20. «قەلبنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى»، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى 2010- يىل 5- ئاي نەشرى

21. «ئەسسالام شىنجاڭ» (ۋاڭ مېڭ ئەسەرلىرى توپلىمى)، تەرجىمە ئەسىرىم كىرگۈزۈلگەن

22. «چايخانا» (دىرامما)، ئاپتورى: لاۋ شې، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكى پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا كىرگۈزۈلگەن

ئىككىنچى، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر:

1. «دوستلار» (ھېكايە)، ئاپتورى: دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1999- يىللىق 6- سان

2. «بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەر» (ھېكايە)، ئاپتورى: دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 2- سان

3. «يازغۇچىنىڭ مەخپىيىتى» (ھېكايە)، ئاپتورى: دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 2- سان

4. «سىرلىق كۆزەينەك» (ھېكايە)، ئاپتورى: دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 2- سان

5. «شار ھەققىدە ھېكايە» (ھېكايە)، ئاپتورى: دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 2- سان

6. «مەڭ» (ھېكايە)، ئاپتورى: مىخايىل شولوخوف (سوۋېت ئىتتىپاقى)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2000- يىللىق 3- سان

7. «كۈز» (ھېكايە)، ئاپتورى: ۋاسىلىي شۇكشىن (سوۋېت ئىتتىپاقى)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2000- يىللىق 4- سان

8. «سەرگەردان، ئەگەر سىباغا بېرىپ قالساڭ» (ھېكايە)، ئاپتورى: ھېنىرىخ بول (گېرمانىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2000- يىللىق 6- سان

9. «ئاخىرقى بىر سۆيۈش» (ھېكايە)، ئاپتورى: نادىن گوردمىر (جەنۇبىي ئافرىقا)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 2- سان

10. «سۇ ئاۋازى» (ھېكايە)، ئاپتورى: مىشىما يۇكىئو (ياپونىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 4- سان

11. «سۆيۈشۈش» (ھېكايە)، ئاپتورى: مىشىما يۇكىئو (ياپونىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 4- سان

12. «گۈزەللىك ئىلاھى» (ھېكايە)، ئاپتورى: مىشىما يۇكىئو (ياپونىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 4- سان

13. «ھەمدەپنە قىلىش» (ھېكايە)، ئاپتورى: ۋىليام فولكىنېر (ئامېرىكا)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 6- سان

14. «ۋوششىر» (ھېكايە)، ئاپتورى: ۋىليام فولكىنېر (ئامېرىكا)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2003- يىللىق 4- سان

15. «ھەققانىيەت» (ھېكايە)، ئاپتورى: ۋىليام فولكىنېر [ئامېرىكا]، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2003- يىللىق 4- سان

16. «گىرىن ئەپەندىنى ئىزدەش» (ھېكايە)، ئاپتورى: سائۇل بېللوۋ (ئامېرىكا)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 1- سان

17. «ئۇرۇش ۋەھىمىسى قاپلىغان زېمىن» (ھېكايە)، ئاپتورى: بىن ئوكىرى (نىگىرىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2009- يىللىق 6- سان

18. «ھالرەڭ كۆز يېشى» (ھېكايە)، ئاپتورى: تيەنجوڭ شىيادەي (ياپونىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 1- سان

19. «ئوغلۇمغا خەت» (ھېكايە)، ئاپتورى: سوخۇمۇلنىسكى (سوۋېت ئىتتىپاقى)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 2- سان

20. «تىلنىڭمۇ كۆزى بار: 2009 – يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ھېرتا مىللېرنى زىيارەت» (زىيارەت خاتىرىسى)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 2- سان

21. «ئىلوندىرا ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى» (پوۋېست)، ئاپتورى: گارسىيا ماركۇز (كولومبىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 5- سان

22. «ئوسكار ۋىلدنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ‹دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى› ناملىق رومانى ھەققىدە» (ماقالە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 1- سان

23. «فرانىز كافكا ۋە ئۇنىڭ كاتتا رومانى ‹قەلئە› ــــ سىرلىق ئوردا تۈسىگە ئىگە ھېكايە» (ماقالە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2011- يىللىق 6- سان

24. «قارا رەڭلىك باغچا» (ھېكايە)، ئاپتورى: ھېرتا مىللېر (گېرمانىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2011- يىللىق 6- سان

25. «قەبرە ئالدىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق» (ھېكايە)، ئاپتورى: ھېرتا مىللېر (گېرمانىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2011- يىللىق 6- سان

26. «بىر پارچە شېئىر بىر چۈش دېمەكتۇر» (2011- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى توماس تىرانىسترومېر بىلەن سۆھبەت)، ئاپتورى: ۋاڭ خۇا، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 2- سان

27. «تېپىشماق ئايدىڭلاشسۇن» (2011- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى توماس تىرانىسترومېر بىلەن سۆھبەت)، ئاپتورى: ۋاڭ خۇا، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 2- سان

28. «پاناھگاھ» (ھېكايە)، ئاپتورى: جون بەنۋىل (ئەنگلىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 5- سان

ئۈچىنچى، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ۋە «تارىم» ژۇرنىلىدا، «ۋاڭ مېڭ نەسىرلىرى توپلىمى» دا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر:

1. «ئىزۇدىكى ئۇسسۇلچى قىز» (ھېكايە)، ئاپتورى: كاۋاباتا ياسۇنارى (ياپونىيە)، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 12- سان

2. «تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال» (نەسىر)، ئاپتورى: جىبران خەلىل جىبران (لىۋان)، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 5- سان

3. «ناركوز دورىسى ۋە ئوپېراتسىيە پىچىقى» (نەسىر)، ئاپتورى: جىبران خەلىل جىبران (لىۋان)، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 6- سان

4. «يېزىقچىلىقنى مەڭگۈ تاشلىمايمەن» (2010- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ۋارگاس لوسا بىلەن سۆھبەت)، ئاپتورى: جاۋ دېمىڭ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 3- سان

5. «ئارزۇيۇم ـــ مۇھەببەت، ھەرگىز نوبېل مۇكاپاتى ئەمەس» (2010- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ۋارگاس لوسا بىلەن سۆھبەت)، ئاپتورى: جاۋ دېمىڭ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 3- سان

6. « نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇش» ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2013- يىللىق 7- سان

7. « نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇش» ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2013- يىللىق 9- سان

8. «كۆك بېلىق» (ھېكايە)، ئاپتورى: خالدور كىليان لاكسىنىس (ئىسلاندىيە)، «تارىم» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 4- سان

9. «قەلب ساداسى» (نەسىر)، ئاپتورى: ۋاڭ مېڭ، «ۋاڭ مېڭ نەسىرلىرى توپلىمى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2011- يىل 8- ئاي نەشرى

10. «شىنجاڭ ناخشىسى» (نەسىر)، ئاپتورى: ۋاڭ مېڭ ، «ۋاڭ مېڭ نەسىرلىرى توپلىمى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2011- يىل 8- ئاي نەشرى

تۆتىنچى، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر:

1. «ئىجتىمائىي تەبىئىي پەنگە ئوخشاشلا مۇھىم»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 3- سان

2. «يايلاقتىن چىقىپ NBA غا قەدەم قويغان ئەزىمەت ــــ باتۇر»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 4- سان

3. «كۆپ ئىقتىدارلىق تالانت ئىگىسى كىرستوف سىبا»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 4- سان

4. «‹قۇتادغۇبىلىك› نىڭ ۋىنا نۇسخىسىدىن تۇغۇلغان ئويلار»، ئاپتورى: رەيھان قادىر، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2003- يىللىق 4- سان

5. «ئىجتىمائىي تەبىئىي پەننىڭ نېمىگە پايدىسى بار»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 2- سان

6. «ئۇتۇق قانداق تاۋلانغان ـــــ ئىككىنچى دەرس» («تېرە پۈتۈك» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىنغان)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 2- سان

7. «21- ئەسىردىكى يېڭى دۆلەت غۇرۇرىمىزنى تىكلەيلى» («جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىنغان)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 3- سان

8. «كەلگۈسىدىكى توقۇنۇش»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 3- سان

9. «قۇللۇق ئېڭىنى چۆرۈپ تاشلاپ، مىللىي ئېڭىمىزنى ئۇرغۇتايلى» («جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىنغان)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 1- سان

9. «جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 3- سان

10. «جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 4- سان

11. «جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 5- سان

12. «تۈركىيە ۋە پانتۈركىزم»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2006- يىللىق 2- سان

13. «ئىختىراۋى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىختىراۋى كۈچى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2007- يىللىق 1- سان

14. «جۇڭنەنخەينى زىلزىلىگە سالغان جيەن بوزەننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2007- يىللىق 5- سان

15. «نيۇتوننىڭ قىيامەت ھەققىدىكى قىياسى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2007- يىللىق 5- سان

16. «بۆرىگە يولۇقسىڭىز بۆرە بولۇڭ»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2006- يىللىق 5- سان

17. «پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتىكى ئاچچىق ساۋاق»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2008- يىللىق 3- سان

18. «جۇڭگوچە ئولىمپىكنىڭ ‹يېڭى ئېففىكتى›»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2008- يىللىق 4- سان

19. «ئەقلىي ئويغىنىش»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 2- سان

20. «21- ئەسىردە تىللارنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 2- سان

21. «پەلسەپە دېگەن نېمە؟ ئۇ نېمە ئىش قىلىدۇ؟»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 5- سان

بەشىنچى،  كىنو- فىلىملەر:

1. «زورو ھەققىدە رىۋايەتⅡ» (ھېكايە فىلىم)، قاراماي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاۋاز بەرگەن

2. «شى سوگوۋغا كىرىش» (8 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى)، قاراماي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاۋاز بەرگەن

3. «كىچىك پەرىشتە» (كارتون فىلىم)، قاراماي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاۋاز بەرگەن

4. «شىمالىي قۇتۇپ تېز پويىزى» (كارتون فىلىم)، قاراماي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاۋاز بەرگەن

ئالتىنچى، تەرجىمە قىلىپ بولۇنغان،مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى نەشر قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن ياكى ئارگىنالى يۈتۈپ كەتكەن كىتاب ۋە ئەسەرلەر:

1. «مىڭ پارلاق قۇياش» (رومان)، ئاپتورى: خالىد ھۆسەيىن (ئامېرىكا)

2. «بەك ياۋاش بولۇپ كەتمەڭ» (تۇرمۇش پەلسەپىسى توغرىسىدىكى كىتاب)

3. «ھەممەيلەن ئىنگىلىزچە سۆزلەيلى (2- قىسىم)» (ئىنگلىزچە ئۆگىنىش قوللانمىسى)

4. «ئىنگلىز تىلى دەرسخانىسى» (ئىككى توملۇق ئىنگلىزچە ئۆگىنىش قوللانمىسى)

5. «ئاياللار پىسىخولوگىيەسى توغرىسىدىكى كىتاب»

6. «لابى شياۋشىن رەسىملىك كىتابى» (كارتون رەسىملىك بالىلار ئوقۇشلۇقى جەمئىي ئۈچ قىسىم)

7. «قاردىكى قان ئىزى» (ھېكايە)، ئاپتورى: گارسىيا ماركۇز (كولومبىيە)

يەتتىنچى، نەشرىيات بىلەن توختاملىشىپ تەرجىمە قىلىۋاتقان ۋە نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان كىتابلار:

1. «پىرىزدېنت ئەپەندى» (رومان)، ئاپتورى: مىگىل ئانگېل ئاستۇرىياس (گىۋاتمالا، 1967- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)، خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ

2. «تۈلكە ئۇ چاغدا ئوۋچى ئىدى» (رومان)، ئاپتورى: ھېرتا مىللېر (گېرمانىيە، 2009- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)، خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ

3. «ھارغىن نەپەسلەر» (رومان)، ئاپتورى: ھېرتا مىللېر (گېرمانىيە، 2009- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)، خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ

4. «نوبېل ئەدەبىياتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇش»

5. «قۇياش ساڭگەن دەرياسىنى يورۇتقاندا» (رومان)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ

6. «ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمە ئەسەرلىرى توپلىمى»، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ

سەككىزىنچى، تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن كىتابلار:

1. «پاقا» (رومان)، ئاپتورى: مويەن (2012- يىلى موبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، ئېلېكترون نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ يىل نەشر قىلىندى

2. «ئامەت ئىچىدىكى ئاپەت» (ھېكايىلەر توپلىمى)، ئاپتورى: جالالىدىن بەھرام، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى

3. «مەركىتلەر» (رومان)، ئاپتورى: مۇتەللىپ سىدىق، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ

4. «سۆيگۈ قىسمىتى» (رومان)، ئاپتورى: پاتىگۈل ئىمىن، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ

5. «سەلەي چاققان ھەققىدىكى تەتقىقات كىتابى» (ئىلمىي ئەسەر)، ئاپتورى: ئۇچقۇنجان ئۆمەر، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ

6. «ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناسلىقىغا كىرىش» (ماقالىلەر توپلىمى)، ئاپتورى: ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ

7. «مەخپىي يول» (رومان)، ئاپتورى: بۇرانسېف (سوۋېت ئىتتىپاقى)

8. «ئىجتىمائىي پەن دۇنياسىغا كىرىش» (كىتاب)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2013- يىلى 4- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى

 

]]>
?feed=rss2&p=11825 14
مول ھوسۇللۇق ئەدەبىي تەرجىمان: ئوسمانجان مۇھەممەت ?p=12032 ?p=12032#comments Fri, 21 Mar 2014 09:00:58 +0000 ?p=12032 مول ھوسۇللۇق ئەدەبىي تەرجىمان: ئوسمانجان مۇھەممەت

توغرىسىدا

 

مۇۋەپپەقىيەت يولىدىكى ئىزدىنىش ھامان مېۋە بېرىدۇ. بۇنى ئوسمانجان مۇھەممەتنىڭ ئەمەلىيىتى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ئۇ توختىماي تىرىشىپ، ئاخىرى دىيارىمىزدىكى مول ھوسۇللۇق ئەدەبىي تەرجىماننىڭ بىرى بولۇپ قالدى .

ئۇ 1962-يىلى 6-ئايدا كەلپىندە تۇغۇلغان . 1983-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچى نېفىت – خېمىيە زاۋۇتىدا ئىشلىگەن. كېيىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىگە ئالمىشىپ كېلىپ تەرجىمان بولغان. 1993-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. كېيىن ئائىلە مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن يەنە ئىلگىرىكى ئورنى ـــــ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىگە ئالمىشىپ كەلگەن ھەم تەرجىمان، بۆلۈم مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. 2004-يىلى ئوسمانجان خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى «مۇنبەر» ژۇرنىلىدا مۇھەررىرلىك قىلغان. بىر يىلدىن كېيىن ئائىلە مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە ئاقسۇغا ئالمىشىپ كېلىپ ئەسلىدىكى ئورنىغا ئشقا چۈشكەن 2008-يىلى يەنە خىزمەت مۇناسىۋىتى بڭلەن«مۇنبەر ژورنىلى»غا يۆتكىلىپ كەلگەن، ئۇ ھازىر مەزكۇر ژورنالدا باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. .

ئۇ بىر نەچچە قېتىم يۆتكىلىپ يەنە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ ، خىزمەتتىكى قىزغىنلىقى، ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرىغا بولغان ساداقىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويمىدى. بۇ جەھەتتە ئوسمانجان مۇنداق دەيدۇ: مەن دەرۋەقە بىر نەچچە قېتىم ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ يەنە قايتىپ كەلدىم. بۇنىڭ سەۋەبى مەن كەسپىمنى، خىزمەت ئورنۇمنى سۆيىمەن. مەتبۇئات، نەشرىيات ئورۇنلىرىنىمۇ ياخشى كۆرىمەن. مۇشۇ ۋەجىدىن يۆتكەلدىم. لېكىن، ئائىلە مۇناسىۋىتىمنى ياخشى ھەل قىلالمىدىم. بەزىلەر: «ئۈرۈمچىنىڭ يولى سەن ئۈچۈن قوغۇنلۇقنىڭ يولى بولۇپ قالدى. خالىساڭ يۆتكىلىپ، خالىساڭ قايتىپ كېلەلەيدىكەنسەن ، دۇنيادا سەندەكمۇ ئەخمەق ئادەم بارمۇ» دەپ تاپا –تەنە قىلىشتى. مەن بۇنى توغرا چۈشەندىم. لېكىن، باشقىلارنىڭمۇ مېنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. مېنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن جاپاكەش ئايالىمغا، رەھبەرلىرىمگە رەھمەت ئېيتىمەن .

ئۇ ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە ھەقىقىقەتەن ئىلگىرلىدى. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، چوڭ ھەجىملىك كىتابتىنسەكسەندىن كۆپرەكنى تەرجىمە قىلىپ، ھازىرقى دەۋر ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. ئۇ خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان «ئېرىنى ئۆلگىلى قويمىغان ئايال»،  «قانۇن لوگىكىسى»، «ئاسىي  روھ»،  «جىبران نەسىرلىرى»، «پەندىنامە»، «مۇھەببىتىڭنى قويۇپ كەت»، «تىبىس ئۇرۇشى»، «باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش»، «بۇ جاھان ئۇزۇن جاھان»، «تولغان بەدەن»، «سۆيگۈ مۇساپىسى»، «ئۇنتۇلغان مەخپىي بەلگە»، «ئاينىش»، «دەۋا»، «يىغلاڭغۇ ئايال»، «قانۇن دەرۋازىسى ئالدىدا» ،  «ئەرەب ھېكايىلىرى»، «تېرە پۈتۈك»، «ۋىكتورىيە خېنىم»، «ئاكا –ئۇكا كارامازۇپلار»، «سىز خىزمىتىڭىزنى سۆيەمسىز»، «كەسىپكە ھۆرمەت قىلىڭ»، «ئافرىقا چۆچەكلىرى» ، «خۇدالىق ئالەم » ، « لىۋىيە ھېكايىلىرى»، «چارەك ئەر» ،«باتۇر شاھ جاڭغىر»، «بۈيۈك قەھرىمان بىئوۋۇف»، «ماغاپغاراتا» ،«ئاپارات كۆزىدىكى دۇنيا»، «سېتىۋېلىشنى تىزگىنلەش بىلىملىرى» دېگەن كىتابلارنى تەرجىمە قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «بىر ئايال»، «مۇھەببەت ۋە ھەققانىيەت» دېگەن كىتابقا بىر تەرجىمە ھېكايىلىرى، بىر تەرجىمە پوۋىستىى كىرگۈزۈلدى. بۇ  كىتابلار كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ كىتاب تەرجىمە قىلغاندىن سىرت، يەنە مىڭ پارچىگە يېقىن ھېكايە، نەسىر، چۆچەك تەرجىمە قىلىپ ، ئۇنى «تارىم» ژورنىلى ، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ،« ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «ئاقسۇ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردى. ئۇ ئېغىز تەرجىمىسىدن تاشقىرى، ھەر يىلى مالىيە خىزمىتىگە ئائىت نۇرغۇن ھۆججەت، دوكىلات تەرجىمە قىلدى. مالىيە باج خىزمىتىگە ئائىت  مىليون خەتلىك ئىككى كىتابنى تەرجىمە قىلىپ، كەسىپداشلىرى ۋە رەھبەرلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا مۇيەسسەر بولدى .

ئۇ يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان توختىماي ئۆگەندى. تەرجىمە قىلدى، تىل بايلىقىنى بېيىتتى. باشقىلار تاماكىغا، ھاراققا پۇل خەجلىسە، ئۇ كىتابقا پۇل خەجلىدى. باشقىلار كەچلىك ۋاقىتنى ئويۇن -تاماشىغا سەرپ قىلسا، ئۇ ئىشلەشكە ئادەتلەندى. ئەدەبىي تەرجىمىدىن سىرت، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللاندى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ «ئاقسۇ گېزىتى» ، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللاردا « ئوغرى »، «لىپاپىنىڭ كۈچى» ، «ساداقەت» قاتارلىق يىگىرمە نەچچە پارچە ھېكايىسى ئېلان قىلىندى . ئۇ يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر يازغۇچىلارىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، «مىللى يازغۇچىلار» ژۇرنىلى قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردى ھەم خەنزۇ كىتابخانلارنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى .

ئۇ مۇنداق دېدى: مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا بىر كىتاب بەندىسى ئىدىم. مەيلى يازغۇچىلىرىمىز يازغان ياكى تەرجىمانلىرىمىز ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان كىتاب بولسۇن، تاپالىساملا قالدۇرماي ئوقۇيتتۇم. مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە «سۇ بويىدا» رومانى يېڭى يېزىقتا نەشر قىلىندى. مەن ئۇ روماننى ئاز دىگەندىمۇ ئون نەچچە قېتىم ئوقۇدۇم. ئۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلغانلارغا كۆپ ئاپىرىن ئېيتتىم. مەندە شۇ چاغدىلا مۇبادا ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىسەم خەنزۇ تىلىدا ئوقۇپ، ياراملىق ئەدەبىي تەرجىمان بولىمەن، دېگەن بىر ئوي پەيدا بولدى. تەلىيىمگە يارىشا 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. تىرىشىپ ئۆگىنىپ خەنزۇتىلىنى پۇختا ئىگىلىۋالدىم. مەن ئەدەبىي تەرجىماننىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىي ئىجادىيىدە ئۆرنەكلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ رەڭدار گۈللىرىنى سۇنۇش ئۈچۈن، ئەدەبىي تەرجىمە كوچىسىغا كىردىم. بۇ كوچىدا بىر ئۆمۈر مېڭىشنى نىيەت قىلدىم. مەن ئەدەبىيات، ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتى زىنھار يېقىنلاشمايدىغان بىر ئىقتىسادىي تارماقتا خىزمەت قىلساممۇ، يەنىلا ئەدەبىي تەرجىمىنى ئۆزەمگە يار تۇتتۇم.  ھەرقانچە ئالدىراش بولساممۇ بۇ ئىستەكتىن ۋاز كەچمىدىم. بەزى ئادەملەر ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۇقمايدۇ، ئەمما مەن ۋاقىتنى تەڭشەشكە تولىمۇ ماھىر. ۋاقىت مېنى ئالدىغا سېتىۋالسىمۇ، مەن ۋاقىتنى ئەپچىللىك بىلەن ئوغىرلىۋالىمەن-دە، شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىمنى قىلىۋالىمەن. ئەدەبىي تەرجىمىگە قىزىقىپ قېلىشىمدىكى يەنە بىر سەۋەپ، دېدى ئوسمانجان بۇ سەپكە كىرىپ قېلىش جەريانىنى تىلغا ئېلىپ: مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرىدىغان يىلى ئابدۇرخمان ئەبەي بىلەن يەنئەن يولىدىكى بىر ساتىراچخانىدا تونۇشۇپ قالدىم. شۇ چاغدا ئابدۇراخمان ئەبەي ئاكا شىنجاڭ خەلق نەشرياتىدا ئىشلەيدىكەن. كېيىن مەن تەرجىمە قىلغان بىر ھېكايىنى كۆرسىتىۋېدىم، ئۇ جاناپ: ئۇكام سەن مۇشۇ يولدا توختىماي تىرىشىپ ئۆگەن، مەيلى ئۈرۈمچىدە قال ياكى ئاساسى قاتلامغا كەت، ئەدەبىي تەرجىمىنى ھەرگىز تاشلىما. سەن تىرىشىدىغانلا بولساڭ، ئۈچ –تۆت يىلدا ياخشى ئەدەبىي تەرجىمان بولىدىكەنسەن، دەپ رىغبەتلەندۈردى . بۇنىڭدىن باشقا يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرپ ئۈرۈمچى ۋە ئاساسى قاتلاملاردا خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلاردا غېنىزات غەيۇرانى، مەرھۇم ئابدۇللا تالىپ، مەرھۇم خۇدۇيۇمبەردى سېلىم، ئوسمانجان ساۋۇت، راخمان مامۇت ، بەختىيار سايىتوف، ئىسلامجان شېرىپ قاتارلىق يازغۇچى، شائىر، ئەدەبىي تەرجىمانلار بىلەن نۇرغۇن قېتىم ھەمسۆھبەتتە بولدۇم . ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى پىكرى ۋە تىرىشىپ ئۆگىنىش روھى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى ، ئىلھاملاندۇردى . تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن راخمان مامۇت، ئسلامجان شېرىپ ئاكىلار بىلەن بىرگە خىزمەت ئىشلىدىم. ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئىستىلى ، بېرىلىپ ئىشلەش روھى، غايىسى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى .

ئۇ مۇنداق دېدى : « خوراز» دېگەن يومۇرىستىك تەرجىمە ھېكايەم 1989-يىلى «دۇنيا ئەدەبىياتى»دا ئېلان قىلىندى. 1994-يىلى «قانۇن لوگىكىسى» دېگەن كىتابنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلدىم، كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشرياتى تەرىپىدىن بەش مىڭ تىراژدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇ دەرسلىك كىتاب بولغاچقا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى قانۇن مەكتەپلىرىدە دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلدى ۋە ئىنتايىن ياخشى باھاغا ئېرىشتى. مەن ھازىرغىچە  بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىپ تارقىتىلدى. مەن بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر دەرىجىلىك گېزىت– ژورناللاردا ئىجادىي ۋە تەرجىمە ئەسەرى بولۇپ جەمئىي مىڭ نەچچە پارچە ھېكايە ، پوۋېست ، نەسىر ، ئەدەبىي ئاخبارات تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇردۇم . يەنە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئون نەچچە پارچە نادىر ئەسىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ، خەنزۇچە نەشر قىلدۇردۇم .

ئۇ ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتى جەھەتتىكى تەسىراتىنى مۇنداق شەرھلىدى: ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىم ئىچىدە ئەڭ كۆپ تارقىتىلغان تەرجىمە ئەسىرى «قانۇن لوگىكىسى»، « ئاسىي روھ»،«چارەك ئەر»، «ئافرىقا چۆچەكلىرى»، «خۇدالىق ئالەم»،«پەندىنامە» بولدى. بۇ كىتابلارنىڭ ھەر بىرى بەش مىڭ نۇسخىدىن تارقىتىلدى. ئەڭ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىنغان تەرجىمە ئەسىرى «قانۇن لوگىكىسى» ، «ئاسىي روھ» بولدى. چۈنكى لوگىكا ناھايىتى نازۇك پەن بولغاچقا، لوگىكا بىلىملىرى ئىنتايىن پۇختا بولمىسا لوگىكا كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش بەك مۈشكۈل بولىدۇ. مېنىڭ لوگىكا ئاساسىم پۇختا بولسىمۇ «قانۇن لوگىكىسى»نى تەرجىمە قىلىشتا خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىلدىم. ئەمما كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى ۋايىغا يەتكۈزگەچكە، ئوقۇغان ئادەم ئۇ كىتابنى تەرجىمە ئەمەس، ئوسمانجان يېزىپ چىقىپتۇ دېگەن تۇيغۇغا كېلىدۇ. ئەمدى «ئاسىي روھ» قا كەلسەك، ئۇ دۇنياۋى مەشھۇر نەسىرچى، شائىر، يازغۇچى، رەسسام، سىموۋولىزمچىلارنىڭ پىشۋاسى، مۇزىكانت، پەيلاسوپ ھەزرىتى جىبراننىڭ شۆھرەتلىك ئەسىرى. «ئاسىي روھ» پىروزا دىيىلگەن بولسىمۇ، توپلامدىكى ھېكايىلەرنىڭ نەسىرىي شېئىر ياكى ھېكايە ئىكەنلىكىنى ئايرىغىلى بولمايدۇ. توپلامدىكى ئەسەرلەرنى ھېكايە دېسىڭىز ھېكايە، نەسىرىي شېئىر دېسىڭىز نەسىرىي شېئىر. ئەسەردىكى نازۇك ھېسسىيات، ئىزگۈ تۇيغۇنى ئۇيغۇر تىلىدا جانلىق ئىپادىلەش ناھايتى تەس ئىدى . تەرجىماندا خۇددى جىبرانكىدەك لېرىك تۇيغۇ بولمىسىمۇ ئەسەر تەرجىمىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولمايتتى. مەن ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنى ئەنە شۇ ئەسەردە ئەكس ئەتتۈردۈم ۋە ئۇ ئەسەرنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەرجىمە قىلدىم. يەنە «خۇدالىق ئالەم»، «چارەك ئەر»، «لىۋىيە ھېكايىلىرى» نىڭ تىل سەنئىتىگىمۇ يۇقىرى باھا بېرىلدى. دۇنياۋى شۆھرەتلىك يازغۇچى ئوگ ماندىنونىڭ بۈيۈك ئەسىرى «تېرە پۈتۈك»نى تەرجىمە قىلدىم. بۇ كىتاپ نەشرى قىلىنىپ تارقىتىلىپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: مەن ھاياتنى سۆيىمەن، ۋاقىتنى قەدىرلەيمەن. ئەدەبىي تەرجىمىدە ھەرگىز قانائەت ھاسىل قىلمايمەن. ئۆمۈر بويى ئۆگىنىمەن. مەن نۇرغۇن دۇنياۋى كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن تاللاپ قويدۇم . مەن ئۇ كىتابلارنى بىر-بىرلەپ تەرجىمە قىلىپ ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرىمەن ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمەن .

تەرجىمان قەلبلەر بىلەن قەلبلەرنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك. ئوسمانجان مۇھەممەت يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان مانا مۇشۇنداق قەلبلەر بىلەن قەلبلەرنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك بولۇپ كەلدى . بولۇپمۇ ، ئۇ ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىگە چوڭقۇر رىشتە باغلاپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن مول ، سەرخىل مەنىۋى ئوزۇقلۇقلارنى تەقدىم قىلدى .

تارىختا «غەربى يۇرت» دەپ ئاتالغان يۇرتىمىز شىنجاڭ، ناھايىتى ئۇزۇن تەرجىمە تارىخىغا ئىگە. بۇ يۇرتتىن كۇمراجىۋا، بۇددا چىڭا، كۇماراباتلاردەك يىتۈك بۇددىزم تەرجىمانلىرى يېتىشىپ چىقىپ، كاتتا ئۇتۇق قازانغان.ئىسلامىزم دەۋرىگە كەلگەندە مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇم ئەرەبلەرنىڭ مەشھۇر كىلاسسىك ئەسىرى «مىڭبىر كېچە »نى ئەرەپچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان .ئەنە شۇنداق ئۇزۇن تەرجىمە تارىخى ۋە ئېسىل تەرجىمە ئەنئەنىسىگە ئىگە يۇرتىمىزدىن يەنە تالاي تەرجىمانلار يېتىشىپ چىقىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەڭ ئېسىل ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش جەھەتتە كۆپلەپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كەلدى. كۆپلىگەن نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئوسمانجان مۇھەممەت ئۆزىنىڭ تەرجىمە ھاياتىدا تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلاپ، ئاددىيلىقتىن مۇكەممەللىككە يۈزلىنىپ، تىل ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى .

ئۇنىڭ « ئاسىي روھ »، «چارەك ئەر» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان كىتابخان قويۇق لېرىك تۈس ئالغان ساپ، پاساھەتلىك تىلدىن ھاياجانلانماي تۇرالمايدۇ. تەرجىمىدە پاساھەتلىك، لېرىك تىللارنى تاللاپ ئىشلىتىپ ئەسەرنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى، بەدىئىيلىكىنى ئاشۇرۇش ئوسمانجان مۇھەممەتنىڭ تەرجىمە ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ زور مۇۋاپىقيەتلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك .

]]> ?feed=rss2&p=12032 1 ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن ئۆتتى ?p=11959 ?p=11959#respond Mon, 30 Dec 2013 04:44:28 +0000 ?p=11959 ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن ئۆتتى

 

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىنىڭ باشلامچىسى، ئۇستاز تەرجىمان، پېشقەدەم نەشرىياتچى توختى باقى ئارتىشى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. توختى باقى ئارتىشى 1922-يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئىتارچى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1939-يىلى ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىنگە كېلىپ، بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇش خىراجىتىنى تۆلىيەلمەي ئامالسىز مەكتەپتىن چېكىنىپ «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشچى، ھەرپ تىزغۇچى، تەھرىر بۆلۈم خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. 1942-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى ساقچى ئوفىتسېرلەر مەكتىپىدە ئوقۇغۇغان. 1944-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەرگە بېرىپ خىزمەت قىلغان. 1946-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ «ھەقىقەت» گېزىتى ۋە «ئالغا» گېزىتىدە تەرجىمان، مۇھەررىر، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 1953-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا قاتنىشىپ، تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ لۇشۈن ئەسەرلىرىنى ئىزچىل تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. 1962-يىلىدىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» قاتارلىق ئورۇنلاردا تەرجىمان، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1986-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.

توختى باقى ئارتىشى كۆپ يىللىق تەرجىمانلىق ھاياتىدا سىياسىي نەزەرىيىۋىي ئەسەرلەر، پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلەر، گېزىت-ژۇرنال ماقالىلىرى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى قاتارلىق تۈرلۈك مەزمۇن ۋە ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللاندى: «يېڭى باتۇرلار»، «تۈن يانغاندا»، «كەپىگە ئۈچ قېتىم زىيارەت»، «لۇشۈن ئەسەرلىرى» (22 توم) قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى؛ «تەرجىمە تەجرىبىلىرىدىن تەرمىلەر»، «لۇشۈن تەرجىمە توغرىسىدا»، «تەرجىمە توغرىسىدا»، «قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك؟» قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازدى؛ «كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ؟»، «ھەق گەپ قىلغان گۇناھ ئەمەس» (2 توم)، «كۆڭۈلدىن-كۆڭۈلگە يول» قاتارلىق ماۋزۇلاردىكى تاللانما تەرجىمە توپلاملىرىنى نەشردىن چىقاردى، «چۈشنىڭ ماھىيىتى ۋە تەبىرى» ناملىق چڭ ھەجىملىك ئىجادىي تەرجىمە ئەسىرىنى نەشرگە تاپشۇردى.

مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى

تورداش مەھەممەتجاننىڭ يازمىسى

http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=14469

]]> ?feed=rss2&p=11959 0 ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (9): ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات ?p=11924 ?p=11924#respond Sun, 08 Dec 2013 08:03:13 +0000 ?p=11924 ھارماس تۆھپىكار، تەرجىمە ئۇستازى ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات

ئايگۈل ئابدۇكېرىم

شان- شەرەپ ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ. مەيلى قانداق كەسىپ، قانداق ساھەدە بولسۇن، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىزدەنگەندىلا ئۇتۇق ۋە شان- شەرەپكە نائىل بولغىلى بولىدۇ. شىنجاڭ رادىئو- كىنو تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىنىڭ ئالىي تەرجىمانى، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئەنە شۇنداق ھارماس ئىزدەنگۈچىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا تۆھپىكارلىمىزنىڭ بىرى.

ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمان ۋە تەتقىقاتچى ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1951- يىلى  -4ئاينىڭ 24- كۈنى ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1958- يىلىدىن -1968يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 6- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1970- يىلىدىن 1981-يىلى 2-ئايغىچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1981-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ 1984-يىلىغىچە «شىىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» تەھرىر بۆلۈمىدە، كېيىن شىنجاڭ ئۇنۋىرسېتىتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنسىتىتۇنى «24تارىخ» ماتېرىياللىرى تەرجىمە- تەھرىر ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلىدە يەنى  -1981يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ ئىشتىن سرتقى تولۇق كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ، 1986- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 1984- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نارازىتىگە يۆتكىلىپ، 1990- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇھەررىر ۋە تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن، شۇ يىلنىڭ ئاخىرى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن «تەڭرىتاغ» كىنو ئستۇدىيەسىگە يۆتكىلىپ، كىنو سىنارىيىسىنى تەرجىمىچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان. 1998-يىلىنىڭ بېشىدا ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا يۆتكىلىپ، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 2006- يىلى پېنسىيەگە چىققان. ھازىر تەرجىمە فىلىملەرنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1981-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خەنزۇتىلىنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغان ھەم تەرجىمانلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ ئاتىسى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىي بولۇپ، ئۇ ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە تىنماي ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەن. ئۇ ئەينى يىللاردا ئاتىسىغا ياردەملىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل– يېزىق كومىتېدا «ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» نى ئىشلەش خىزمىتىگىمۇ بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىدا ئىشلەش جەريانىدا «تارىخىي خاتىرىلەر»، «ئالدىنقى خەننامە»، «كېيىنكى خەننامە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، كېيىنكى تەرجىمانلىق ھاياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1984-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئەدلىيە نازارىتىنىڭ تەشۋىقات باشقارمىسىدا «ئەدلىيە كەسپى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە قانۇنشۇناسلىققا ئائىت 22 پارچە كىتابنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىك خىزمىتىگەقاتناشقان.

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1990-يىلىدىن بۇيان ھازىرغىچە «بۈيۈك ھەل قىلغۇچ جەڭ»،«لىياۋشېن ئۇرۇشى»،«خۇەيخەي ئۇرۇشى» ،«پىڭجىن ئۇرۇشى»، «كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى«،«مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى دەۋر»، «جىڭگاڭشەن»، «ئۇرۇشتىن كېيىن»، «قىزىل قۇياش»، «جىياۋلۇ»  «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قسسە»، «سۇ بويىدا»، «غەرىبكە ساياھەت»، «دوك ۋەزىر لىيۇ يوڭ»، «يۇڭجىڭ خاندانلىقى»، «كاڭشى خاندانلىقى»، «تەيپىڭ تىيەنگو»، «چىڭگىزخان، «تاڭ پادىشاھى شۇەن زۇڭ»، «شەھەرىستاندا زاۋال»، «كاڭشىنىڭ ئەل ئىچىدە خۇپىيانە زىيارىتى» قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمىسى ۋە تەھرىرلىكىنى قىلغان. «ئۇچقۇرئەجدىھا»، «تۇلپار»، «ساماۋى كۆۋرۈك»، «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن .

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ چوڭ ھەجىملىك كلاسسىك تارىخىي فىلىملەرنى تەرجىمە قلىشقا ماھىر، تىلغا باي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ھازىرغا قەدەر تەرجىمە قىلغان كلاسسىك فىلىملەرنىڭ ھەممىسى تىل جەھەتتىكى ئالاھىدە ئۆزگىچىلىكى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بىز بۇلاردىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەتلىكىنى ھېس قىلالايمىز.

كىنو- تېلېۋزىيە تىياتىرى تىلى-كىنو ۋە تىياتىرى ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. كىنو ۋە تېلېۋزىيە تىياتىرى تەرجىمىچىلىكى- پۈتكۈل تەرجىمە خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق باشقا يېزىق ۋە ئېغىز تەرجىمىسىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال تەرجىمىدۇر.

كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك تېمىلاردا ئىشلىنىدۇ. فىلىمدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يەنە بىر مىللەتنىڭ تىلىغا ماس كەلتۇرۇپ تەرجىمە قىلىش– كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىچىلىكىدىكى بىر سەنئەت.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كىنو ۋە تىياتىرلىرىدا قەدىمكى زامان تىللىرىدىن تارتىپ ھازىرقى زامان تىللىرىغىچە، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ماقال-تەمسىللەر ، دىنىي ئاتالغۇلار، تۇراقلىق ئىبارىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇش ماھارەت ھېسابلىنىدۇ. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ مانا مۇشۇنداق ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرگەن ئاتاقلىق تەرجىمان.

بىر تەرجىماننىڭ تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش جەھەتتە بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەگە يەتمىكى ئاسان ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن تىنماي ئۆگىنىشكە، ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تەرجىمە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەرجىمىسى ياخشى چىققان «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «سۇ بويىدا»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قسسە» قاتارلىق تارىخىي، كلاسسىك ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگەنگەن. قەدىمكى نام- ئاتالغۇلارنى ئەينى دەۋرگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپپەسىنى ئۆگەنگەن، ئۇ شۇ دەۋرنىڭ تارىخىنى ئاساسىي تېما قىلىپ تەرجىمە قىلغان. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تېلېۋىزىيە تەرجىمىسىدىن باشقا يەنە «جۇڭگونىڭ ئۇمۇمىي تارىخى» نى تەرجىمە قىلغان. مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ تەكلىپى بىلەن «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» (تۇركىيەنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ ئەسىرى) نىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن.

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ قەيەرگە بارسۇن، شۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغان. تەلەپچان ئۇستازدىن قابىلىيەت ئگىسى چىقىدۇ، دېگەندەك ئۇنىڭ ئەجرىمۇ بىكارغا كەتمىگەن.ئۇنىڭ تەربىيىسىدە يېتىشپ چىققان تەرجىمانلار شۇ بۆلۆمىنىڭ غوللۇق خادىملىرىغا ئايلانغان.

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ قارىشىچە، ئادەتتىكى سۆزلۈك لۇغىتىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولمايدىكەن. تەرجىمە ھەر قايسى ساھەدىكى مەسىلىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا،قورال كىتابلار كۆپ بولۇشى كېرەككەن. مۇشۇنداق بولغاندىلا تەرجىمىنى تىلى راۋان، چۈشىنىشلىك، ئاممىباب قىلىپ خەلقنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغىلى بولىدىكەن.

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 30يىلدىن بۇيان، تەرجىمە ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەرجىمە نەزەرىيەسىگە دائىر ماتىرياللارنى يەكۇنلەپ، تەرجىمە نەزەرىيەسىنى بېيىتىشنىمۇ ئۇنتۇمىغان. ئۇ ھازىرغا قەدەر تۈرلۈك گېزىت- ژۇرناللاردا تەرجىمە ۋە تىل ھەققىدە يېزىلغان  10نەچچە پارچە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلغان. بۇلاردىن «تەرجىمە فىلىملىرى ۋە تەرجىمە تىلى توغرىسىدا»، «تەرجىمە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللار»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا چەتئەل تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ تىل ئەمەلىيىتىدە قوللىنىلىشى»، «تارىخىي فىلىملەر تەرجىمىسى» قاتارلىق تۆت پارچە ئىلمىي ماقالىسى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمىئىيىتى ئۆتكۈزگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا  -1 دەرىجلىك مۇكاپاتقا ،«شىنجاڭنىڭ مىللىي كىنوچىلىقى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى توغرىسىدا»، «ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسىنى قانداق يېزىش كېرەك؟» قاتارلىق ئىككى پارچە ئەسىرى 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ يەنە ھەر قايسى ۋە خاندانلىقلاردا قوللىنىلىدىغان مەنسەپ، ئۇنۋان، مەرتىۋە ناملىرى ھەم ئۇلارنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە يېزىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ھەم بۇ ئىلمىي ماقالىسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئالىي مەكتەپتە بىلىم ئالىدىغان ئەڭ ياخشى چاغلىرى چەت ياقا يۇرتلىرىدا چېنىقىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرنگەن ئاتاقلىق ھەم ئىجتىھاتلىق تەرجىمانغا ئايلاندۇرغان. مۇۋەپىقىيەت ئىزدەنگۈچىلەرگە تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ھەر بىر مىنۇتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى ھەممە كىشى ئېتراپ قىلىدىغان ئاتاقلىق تەرجىمان بولۇپ 2004- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئاياللار ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «ئايال ئەدىب شەرەپ مۇكاپاتىغا نائىل بولدى. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ ئاتىسى تۈركىيەنىڭ ئاناتولىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرە بورسادا تۇغۇلغان بولغاچقا، ئاتىسىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن-2003 يىلىدىن باشلاپ ئانات تەخەللۇسىنى قوللانغان. بىر ئايال ئۈچۈن كەسىپتە ھەم پەرزەنت تەربىيەسىدە ئۇتۇق قازىنىش ئاسان ئەمەس. ئەمما ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات ئاشۇنداق قىلالىدى ۋە بىر ئۆمۈر «تىرىشىش ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنمىز تىنماي تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ» دېگەن ھكمەتنى ئۆزىگە مىزان قىلدى.

بىز ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئاناتنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ماقالە مەنبەسى: «شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە گېزىتى»

«بوزتاغ مۇنبىرى» دىن ئېلىندى

]]>
?feed=rss2&p=11924 0
ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (8): ئوسمانجان مۇھەممەت ?p=11491 ?p=11491#respond Fri, 08 Mar 2013 07:47:41 +0000 ?p=11491 ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (8)

ئوسمانجان مۇھەممەت

 

ئوسمانجان مۇھەممەت 1962- يىلى 6- ئايدا كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كەلپىن ناھىيەسىدە ئوقۇغان. 1973- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.

ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى نېفىت- خىمىيە سانائەت زاۋۇتى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ نەشر ئەفكارى «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىدا ئىجرائىيە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، كاندىدات ئالىي تەرجىمان.

ئۇ ئەدەبىي تەرجىمىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندۈرگەن. ئۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان تەھرىر، تەرجىمان بولغاچقا ھازىرغا قەدەر 80 پارچىگە يېقىن كىتاب، 1000 پارچىگە يېقىن پوۋېست، ھېكايە، نەسىر، شېئىر، ماقالە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. 20 پارچىگە يېقىن ئۇيغۇر تىلىدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەدەبىي تەرجىمە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى، تەھرىرلىك نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى، چەت ئەل ئەدەبىياتى توغرىسىدا توغرىسىدا كىتاب ۋە ماقالىلەرنى يازغان، 30 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى يېزىپ ئېلان قىلىنغان.

ئۇنىڭ ۋەكىللىك تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن:

«قانۇن لوگىكىسى»

«ئاسىي روھ» (جىبران، پوۋېست، ھېكايىلەر توپلىمى)

«ئاپپارات كۆزىدىكى دۇنيا» (سۈرەتلىك ئەدەبىي ئاخبارات)

«ئۇتۇقنامە» (ئوگ ماندىنو، مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق توغرىسىدىكى ئىلمىي ئەسەر)

«پەندنامە» (ئەلسۇنەل مائارى، دېداكتىك ئەسەر)

«يوقالغان مەخپىي بەلگە» (دون بىراۋۇن، رومان)

«جىبران نەسىرلىرى توپلىمى»

«تولغان ئەمچەك، سېمىز ساغرا» (مويەن، رومان)

«ئاكا- ئۇكا كارامازوفلار» (دوستويېۋسكى، رومان)

«بۇ جاھان ئۇزۇن جاھان» (ئېھسان ئابدۇقۇددۇس، رومان)

«ئاچارچىلىق» (رومان، ھامسون ‹1920- يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى›)

«بېل گايتىس ھەققىدە ھېكايە» (تەرجىمھال ئەدەبىياتى)

«ئەرەب ھېكايىلىرىدىن تاللانما»

«ئاچارچىلىق» ، «پادىشاھ ۋە زەبىبە» (ئىراق زۇڭتۇڭى سادام ھۈسەيىن يازغان رومان)

«كافكا پوۋېست- ھېكايىلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى بار.

ئۇ ھازىر ئەدەبىي تەرجىمە نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. بىز ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمىز. 

]]>
?feed=rss2&p=11491 0
ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (7): ئابدۇسالام ئابباسوف ?p=11215 ?p=11215#respond Tue, 18 Sep 2012 05:53:42 +0000 ?p=11215 ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (7): ئابدۇسالام ئابباسوف

ئاتاقلىق تەرجىمىشۇناس، تىلشۇناس، مەشھۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇسالام ئابباسوف 1925- يىلى 29- سىنتەبىر قىرغىزىستاننىڭ قاراقول شەھىرىدە ئاتۇشلۇق مۇھاجىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1929- يىلى سىنتەبىردە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1943- يىلى ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئالىي پېداگوگىكا سىنىپىدا ئوقۇغان.

ئۇ 1950- يىلى ئاپېرىلدا خىزمەتكە قاتناشقان ۋە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى پارتگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدېرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2006- يىلى 21- سىنتەبىردە ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن بۇيان، «سەنلىۋەن كەنتىدە»، «ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە قىسسە»، « دونكىخوت»، «پەلسەپە دەرسلىكىدىكى مۇھاكىمە سۇئاللىرىغا ۋە قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب»، «تىلشۇناسلىق ئاساسلىرى»، «بۆرە ئۇۋىسىدىكى بايلىق»، «شائىرنىڭ ئۆلۈمى»، «خارابىلەردە مېنى ئەسلەڭ»، «ئۇزۇن سەپەر ـــ ئاڭلاپ باقمىغان ھېكايىلەر»، «جاللات شېڭ شىسەي»(2)، «شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولۇشى» قاتارلىق 30 پارچىگە يېقىن تۈرلۈك ژانېردىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ش ئۇ ئا ر پارتكوم ماۋزېدوڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە ۋە نەشر قىلىش ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدېرى، قوشۇمچە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بېكىتىش گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان ۋە «ماۋزېدوڭ تاللانما ئەسەرلىرى» نىڭ 1-، 2-، 3-، 4-، 5- توملىرىنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان، تەرجىمىسىنى بېكىتىشكە رىياسەتچىلىك قىلغان. «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»، «گوتا پروگراممىسىغا تەتقىد»، «ديۇرىڭغا قارشى»، «دۆلەت ۋە ئىنقىلاب»، قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بېكىتىش خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئۇ تەرجىمە تەتقىقاتى جەھەتتىمۇ ئۈزۈكسىز ئىزدەنگەن ۋە مول نەتىجىلەرنى ياراتقان. «كىشىلىك ئالماشلارنى تەرجىمە قىلىش توغرىسىدا»، «خەنزۇچە تۇراقلىق ئىبارىلەر ۋە ئۇلارنى تەرجىمە قىلىش ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.  «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تۇراقلىق ئىبارىلەر لۇغىتى» (يېڭى يېزىق نەشرى)، «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە ئاددىي سۆزلۈك» قاتارلىق لۇغەت، قورال كىتابلارنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ تۈزگەن «ئۇيغۇر تىلى فىرازىئولوگىيىسىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىداش سۆز- ئىبارىلەر لۇغىتى»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاھاڭداش سۆزلەر لۇغىتى» ۋە «ئۇيغۇر تىلىدىكى قارشى مەنىلىك سۆزلەر لۇغىتى» قاتارلىق لۇغەتلەر ئۇيغۇر تىلى لېكسىكا تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ ۋە ئالىي مائارىپتىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ تۈزگەن «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى» ناملىك كىتابچىمۇ ئاخبارات- نەشرىيات ۋە مائارىپ ساھەسىدە تېگىشلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.

ئۇ ئېنسىكلوپېدىك نادىر ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلارش گورۇپپىسىنىڭ مەسئۇللۇقىغا تەيىنلىنىپ، بۇ ئۈچ توملۇق كاتتا ئەسەرنى نەشرگە تەييارلاش خىزمىتىگە باشتىن- ئاخىر قاتناشقان. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى»، «ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە چوڭ لۇغەت» نىڭ باش تۈزگۈچىسى بولۇپ، لۇغەتنى پىلانلاش، تۈزۈش قاتارلىق ئەمەلىي خىزمەتلەرگە كونكرېت قاتناشقان.

ئۇ يەنە جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

2004- يىلى نويابىردا جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتى ئۇنىڭغا «نوپۇزلۇق تەرجىمىشۇناس» دېگەن شەرەپلىك نام بەرگەن.

مەنبە: «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 1- سان

]]> ?feed=rss2&p=11215 0 ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (6): ئوسمانجان ساۋۇت ?p=11092 ?p=11092#comments Fri, 17 Aug 2012 09:24:30 +0000 ?p=11092

تالانتلىق شائىر ۋە ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ئوسمانجان ساۋۇت 1979- يىلى قۇرمانغالى ئوسمانوۋنىڭ قازاق تىلىدىكى «ئۇنىڭ ئوڭى ۋە چۈشى» ناملىق داستانىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلەن ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك شائىر- يازغۇچىلارنىڭ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئىگىدارى پابلو نىرودا قاتارلىقلارنىڭ «يۈرەك»، «سۆيگۈ»، «ئادەم» دېگەندەك شېئىرلىرىنى، «مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت»، «كۈلگۈلۈكمۇ، يىغلىغۇلۇقمۇ؟» دېگەن رومانلىرىنى، «ئاھ، ياراتقان ئىگەم»، «ساھىبجامال ئالۋاستى»، «رەنا قىز كۆلى»، «قىزىل شالداما» دېگەن پوۋېستلىرى، داستانلىرى، ھېكايىلىرى، ئىلمىي ماقالىلىرىنى ھەمدە «يۇغۇرلار كەلمەكتە غەربىي جەنۇبتىن» دېگەن داستانىنى ۋە «رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار» دېگەن سىياسىي، تارىخىي كىتابنى، «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» نى تەرجىمە قىلدى.
    ئوسمانجان ساۋۇت ئەدەبىي تەرجىمىگە تولىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. ئۇ ئەدەبىي تەرجىمە ھەقىقىي مەنەسى بىلەن ئەدەبىي تەرجىمە بولسۇن، تېكىستنى ياتقۇزۇپ سىڭدۈرۈپ، پۇرىقىنى ئاڭقىتىپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلىش لازىم؛ تېكىست تىلى بىلەن تەرجىمە تېكىست تىلىنى پۇختا بىلىدىغان، سۆزلەرنى جىلۋە قىلدۇرۇلايدىغان، ئوينىتالايدىغان ماھارەتكە ئىگە بولغاندىلا، شېئىر تەرجىمە قىلالايدىغان پەللىگە يەتكەندىلا ئاندىن ئەدەبىي تەرجىمىدىن ئېغىز ئېچىشقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەردىن بۇ كەسكىن شەرتلەرنىڭ يېقىملىق ئەمەلىيىتىنى كۆرەلەيمىز.
    ئوسمانجان ساۋۇت يەنە رۇسىيە يازغۇچىسى بورس پاستىرناكنىڭ «دوختۇر ژىۋاگو» ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تاپشۇردى. رومان ھازىر جىددىي تەھرىرلىنىۋاتىدۇ. بىز ئوسمانجان ساۋۇتقا سالامەتلىك، ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرىغا مول مىۋە تىلەيمىز.

مەنبە: «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2004- يىللىق 12- سانى

]]>
?feed=rss2&p=11092 7
ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (5): ئىمىن ئەخمىدى ?p=10519 ?p=10519#comments Tue, 06 Dec 2011 16:08:07 +0000 ?p=10519 تەلەپچان ئەدەبىي تەرجىمان، ئاتاقلىق شائىر، ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى

ـــ ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى

تەلەپچان ئەدەبىي تەرجىمان، ئاتاقلىق شائىر، جامائەت ئەربابى ئىمىن ئەخمىدى ئەپەندى 1942- يىلى 29- مارتتا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ياندۇما يېزىسى مامۇتجان كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1960- يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9- ئايدا بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) غا ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان، مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا ئىككى يىل خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەندىن كېيىن، 1962- يىلى 9- ئايدا بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىل- ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە بۇ مەكتەپنى 1967- يىلى 7- ئايدا تاماملىغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» تۈپەيلى، 1968- يىلى 9- ئايغىچە شۇ چاغدىكى مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مەكتەپتىن ئايرىلماي، مەكتەپ قوراللىق بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىپ تۇرغان. 1968- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭغا قايتقان ۋە شۇ يىلى 11- ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 1983- يىلىغا قەدەر مەزكۇر مەھكىمىدە تەرجىمان، جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسىنىڭ مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقى، سوتچى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1983- يىلى ئىيۇندىن 1986- يىلى نويابىرغىچە ج ك پ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كومېتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ۋىلايەتلىك سىياسىي قانۇن كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى، ۋىلايتەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1986- يىلى دىكابىردا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، 1996- يىلىىنىڭ ئاخىرىغىچە مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1996- يىلىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنىستىتۇتنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلىنىپ، 2003- يىلى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر مەزكۇر ئىنىستىتۇتتا ئىشلىگەن. پېنىسيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ تەكلىپ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت- ئاخبارات ساھەسىگە خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن ھېلىھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئوقۇش- تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسىسى سۈپىتىدە مەزكۇر ئىشخانىنىڭ مۇدېرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

ئىمىن ئەخمىدى ئەپەندى تەرجىمانلىقتىن كۆرە شائىرلىق ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى بىلەن كەڭ خەلقىمىزگە بەكرەك تونۇشلۇق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ ساھەگە تەرجىمە ئارقىلىق كىرىشكەن ھەم تەرجىمە، جۈملىدىن ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەمگەك سىڭدۈرگەن. شۇڭا، ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ تۆھپىلىرىنى تىلغا ئالغاندا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكى مېھنەتلىرىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق مەزگىللىرىدە تەرجىمە قىلغان «يايلاقتىكى كەچلىك تاماق» (1962- يىلى 2- ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان) ناملىق تەرجىمە ئەسىرى بىلەن تەرجىمە ساھەسىگە كىرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ «دۇڭ سۇنرۇي»، «بەي يىخۇا»، «يەتتە تال سەرەڭگە» قاتارلىق ھېكايىلەرنى تەرجىمە قىلىپ، «شىنجاڭ گېزىتى» گە سۇنغان. بۇ ھېكايىلىرىمۇ «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياىشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئەدەبىي تەرجىمىگە بولغان قىزغىن ئىشتىياقى بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى «ئادەتتىكى نوقۇل تەرجىمە خىزمىتى ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئىلمىي ئەمگەك، ئانا تىلغا نىسبەتەن مۇئەييەن مەنىدىكى ئىجادىيەت» دەپ تونۇپ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «دۇنيا ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئاز بولمىغان پوۋېست، ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات ۋە شېئىرىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇرغان. قەدىمكى زامان خەنزۇ تىلىنى پىششىق بىلىشتەك ئالاھىدە ئىقتىدارىغا تايىنىپ، لى بەي، لى چىڭجاۋ، سۇ شى قاتارلىق خەنزۇ كلاسسىك شائىرلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۈلگىلىك شېئىرلىرىنى قەدىمكى زامان خەنزۇتىلىدىن تەرجىمە ئۇيغۇر تىلىغا قىلغان.

ئىمىن ئەخمىدى ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە

ھەققىدىكى قاراشلىرى

«تەرجىمە بىر تۈرلۈك ئىجادىي پائالىيەت، ئۇ ھەرقانداق ئىجادىيەتتىن قېلىشمايدۇ» دەيسۇ ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى ئۆزىنىڭ تەرجىمە تەسىراتى ھەققىدە سۆزلىگەندە، «شۇڭا، ئۇنىڭدا تەرجىماننىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى جانلىق جارى قىلدۇرۇش- قىلدۇرالماسلىقى ناھايىتى مۇھىم. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تىلى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ھەرقانداق تىلدىكى ئەدەبىي تەسۋىر ۋە ئۇقۇم- چۈشەنچىلەرنى تولۇق پاساھىتى بىلەن ئىپادىلەشكە قادىر. نۆۋەتتە بىز كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى، بولۇپمۇ چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى ئەسلىي تىلدىن ئەمەس، بەلكى 2- بىر تىلدىن تەرجىمە قىلىۋاتىمىز. يەنى كۆپىنچە خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىۋاتىمىز. بۇنداق بولغاندا ئەسلى ئەسەرنىڭ ئىچكى ۋەزنى، ئۇسلۇبى، پەقەت يازغۇچىنىڭ ئەسلى ئانا تىلدىلا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەيدىغان تىل پاساھىتى قاتارلىقلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە سۇسلاپ كېتىدىغانلىقىنى بىر نېمە دېمەك قىيىن. شۇڭا بىزدە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى ئەسلى تىلدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىمانلار يېتىشىپ چىقسا تولىمۇ ياخشى بولاتتى. »

ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە ۋە تارىخ- پەلسەپە ئەسەرلىرى تەرجىمىسى جەھەتتە ئىشلىگەن ئەمگەكلىرى تۆۋەندىكىچە:

خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرى

1.«غەربىي يۇرت شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار»، مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى، 2007- يىل

2.«قەدىمكى ئۇيغۇرلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996- يىل

3.«‹قۇتادغۇبىلىك› ۋە شەرق- غەرب مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993- يىل نەشرى

4.«جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996- يىل نەشرى

5. «چىڭگىزخان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003- يىل نەشرى

6. «6- نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇقام ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلىرى»، شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنى باستۇرغان، 2009- يىل

7. «ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى ـــ مۇقام»، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى، 2007- يىل نەشرى

8. «شۈي ماۋ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى»(ئەيسا مۇسا بىلەن بىللە تەرجىمە قىلغان)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 184- يىل نەشرى

9. «ھىجران كوچىسى» (ئاپتورى: نەجىپ مەھفۇز)، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1992- يىل نەشرى

10. «لياۋ جەي رىۋايەتلىرى» (بارىجان زەپەر بىلەن بىللە تەرجىمە قىلغان)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994- يىل نەشرى

11. 10. «بۆرەخۇمار»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1999- يىل نەشرى

12. 10. «بۆرە تۇتېمى» (بۇ ئەسەر ئاپتونوم رايونلۇق 3- نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008- يىل نەشرى

13. «پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى» (ئاپتورى: ۋىكتور ھىيۇگۇ)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2011- يىل نەشرى

ئۇيغۇر تىلىدىن خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرى

1.«ئۇيغۇر دولان مۇقامى»، شىنجاڭ گۈزەل- سەنئەت، فۇتۇ سۈرەت نەشرىياتى، 1996- يىل نەشرى

2.«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» (باشقىلار بىلەن بىللە تەرجىمە قىلغان)، جۇڭگۇ قامۇس نەشرىياتى، 1997- يىل نەشرى

3. «جۇڭگۇ ئۇيغۇر مەشرەپلىرى» (جاڭ خۇڭچاۋ بىلەن بىللە تەرجىمە قىلغان)، مىللەتلەر ئۈن- سىن نەشرىياتى، 2009- يىل نەشرى

ئۇنىڭدىن باشقا، ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى شېئىرلىرى ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزگە بەكرەك تونۇشلۇق بولغان، بولۇپمۇ شېئىرلىرى بىلەن ئاۋامنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن پېشقەدەم شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. ھازىرغىچە ئۇنىڭ «بەخت چېچەكلىرى» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1983- يىلى)، «گۈلگۈن دالىلار» (شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1989- يىل نەشرى)، «سۆيۈلگەن يىللار» (مىللەتلەر نەشرىياتى، 1993- يىل نەشرى)، «ئاسمانلار- تاغلار» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2010- يىل نەشرى) قاتارلىق 4 پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشردىن چىقتى. ئۇنىڭ يەنە ئابلەت قەييۇم بىلەن بىرلىشىپ يازغان «مۆلجەرتاغ بورانلىرى» ناملىق سەھنىلەشتۈرۈلۈپ تاماشىبىنلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئالقىشقا سازاۋەر بولغان.

ئۇنىڭ يەنە ھازىرغىچە بىۋاستە خەنزۇتىلىدا يازغان 80 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى.

بىز ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ تېنىگە تېخىمۇ ساغلاملىق ۋە كۈچ- قۇۋۋەت، غەيرىتىگە يەنىمۇ چوڭ غەيرەت، ئىزدىنىشلىرىگە يەنىمۇ زور نەتىجە- ئامەت، ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمىز!

مەنبە: «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 2011- يىللىق 1- سان

]]>
?feed=rss2&p=10519 2
ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (4) : ئەخمەت پاسار ?p=10346 ?p=10346#comments Sat, 29 Oct 2011 13:38:56 +0000 ?p=10346 ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (4) : ئەخمەت پاسار

    ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ئەخمەت پاسار 1933- يىلى نويابىردا چەرچەن ناھىيىسىدە بىر كەمبەغەل چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1949- يىلى قاراشەھەر ئالىي دارىلمۇئەللىمننى پۈتتۈرگەن. ئازادلىقتىن كېيىن ئۇ دەسلەپ ج ك پ شىنجاڭ بىيۇرو كادىرلار مەكتىپىدە، كېيىنرەك ئالىي پارتىيە مەكتىپى كادىرلار كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1953- يىلىدىن 1973- يىلىغىچە ئالگىرى- ئاخىر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومېتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە «شىنجاڭ ياشلىرى» ۋە «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى ئۇيغۇر تىلى گورۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 1974- يىلىدىن 1986- يىلى ئاۋغۇستقىچە دەسلەپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر، مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە مۇئاۋىن مۇدېر ۋە مۇدېر بولۇپ ئىشلىگەن. 1986- يىلى سىنتەبىردىن ھازىرغىچە مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىدا مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

    يولداش ئەخمەت پاسار 1953- يىلىدىن ئېتىبارەن ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئىلگىرى- ئاخىر «شاھىد بوۋاي»، «ئىككى ئەۋلاد»، «ئېكۋاتوردىكى جەڭ ساداسى»، «قاناتلىق خەت»، «ئۆي خوجايىنى»، «توپچى چولپاننىڭ ئاجايىپ كەچۈرمىشى» دېگەنگە ئوخشاش نەچچە ئونلىغان ھېكايە- ئوچېرىك، ئوپېرا، كنو ئەسىرى ېە شېئىرىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغاندىن باشقا، «ئۇزۇن سەپەر قەھرىمانلىرى»، «قىزىل قىيا»، «باھادىر شاھ لى زىچىڭ»(3- توم 1- كىتاب)، «جىنايەت ۋە نەپرەت»، «دەرۋىش غوجىنىڭ سەپەر خاتىرىسى» دېگەن رومانلارنى تەرجىمە قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، «ھەنلىۋەن كەنتىدە»، «جەنۇبتىن خەتلەر»، «ياشلىق ناخشىسى»، «چكسىز ئورمان، قارلىق دالا»، «سۇ بويىدا»، «باھادىر شاھ لى زىچىڭ» (1- توم 2- كىتاب)، «لۇشۈن فىليەتۇنلىرى» ھەم شېئىريي ئەسەرلىرى، «يۇلتۇزلۇق تۈنلەر»، «مۇھەببەت يولى»، «ئۆمۈر داستانى» دېگەنگە ئوخشاش پوۋېست، رومان ۋە ئەدەبىي خاتىرىلەرنىڭ تەرجىمە ياكى تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. ئۇنىڭ «ئۆي خوجايىنى» دېگەن تەرجىمە ئەسىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 1979- 1982- يىللىق مۇنەۋۋەر تەرجىمە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ 1976- يىلىدىن بۇيان يەنە ماركس، ئېنگلىس، لېنىن، سىتالىن تاللانما ئەسەرلىرى، ماۋزېدوڭ، جۇئېنلەي، ليۇ شاۋچى، چېن يۈن، دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تاللانما ئەسەرلىرى ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ھۆججەتلىرى، شۇنىڭدەك «ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە جۈپ سۆزلەر لۇغىتى»، «ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى»، «شىنجاڭ يىلنامىسى» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان سىياسىي كىتاب- ھۆججەتلەرنىڭ ھەم تىلغا دائىر قورال كىتابلارنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىك ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، بېكىتىش ئىشىنى ئىشلىدى. ئۇ خەنزۇ، رۇس مۇتەخەسىسلىرىدىن بىر قانچە كىشى بىلەن بىرلىكتە «كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىنىدىغان خەنزۇچە- رۇسچە- ئۇيغۇرچە سۆزلۈك» دېگەن لۇغەتنى تۈزدى. ئۇ تەرجىمە- تەھرىرلىك بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا تىل ۋە تەرجىمىگە دائىر ئالتە پارچىدەك ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئانچە- مۇنچە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى.

    دۆلەت مىللىي ئىشلار كومېتېتىنىڭ تەرجىمە- نەشرىيات سىستېمىسى بويىچە ئالىي كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋان باھالاش ھەيئىتى ئەخمەت پاسارنىڭ نەشرىياتچىلىق ھەم تەرجىمانلىق ساھەسىدە ئېرىشكەن سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق ھېسابقا ئېلىپ، 1987- يىلى ئۆكتەبىردە ئۇنىڭغا ئالىي مۇھەررىر ئۇنۋانىنى بەردى.

    ئۇ ھازىر جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتى مىللەتلەر تەرجىمە خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ- مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۈن- سىن جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى نەشرىياتچىلىق كەسپىي ئالىي ئۇنۋان باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

مەنبە: «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 1995- يىل 7- سان

]]>
?feed=rss2&p=10346 1
ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (3): ئابلىكىم تۇردى ?p=10272 ?p=10272#respond Mon, 10 Oct 2011 17:20:13 +0000 ?p=10272 ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز (3):

ئابلىكىم تۇردى

ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ئابلىكىم تۇردى 1936- يىلى ئىيۇلدا ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ مەشھەد يېزىسىدا بىر ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1950- يىلى مارتقىچە ئۇچتۇرپاندا دىنىي مەكتەپتە ۋە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان؛ كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەرجىمانلارنى يېتىشتۈرۈش مەكتىپىدە، غۇلجا شەھەرلىك رۇسچە- خەنزۇچە تىل كەچ كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان. ئابلىكىم تۇردى 1950- يىلى ئۇچتۇرپاندا خىزمەتكە قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ياشلار ئىتتىپاقى كومېتېتى ۋە ئىلى ئوبلاستلىق ياشلار ئىتتىپاقى كومېتېتدا، 1957- يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومېتېتىنىڭ «شىنجاڭ ياشلىرى گېزىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈملىرىدە مۇھەررىر، تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. 1983- يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

ئابلىكىم تۇردى 1956- يىلىلا ئەدەبىي تەرجىمىگە كىرىشكەن بولۇپ، ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ «لى داجاۋ»، «سادا»، «ليۇ خۇلەن» قاتارلىق 5 داستان، 300 پارچىدىن ئارتۇق جۇڭگو- چەتئەل شېئىرلىرىنى، «كۆكۈيۈن سەرگەردانلىقتا»، «يەتتە مىنۇتلۇق كېچە»، «غەلىتە ئىنسان»، «ئاخىرقى ۋەسىيەت» قاتارلىق رومانلارنى؛ «شاھ بولۇش كويىدا يۈرگەن ئادەم» قاتارلىق بىر نەچچە پوۋېستنى؛ «ئېغىر مىنۇتلاردا قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىنى؛ «قار- مۇز ئۈستىدە كۈرەش» قاتارلىق ئۈچ پارچە ئوچېرىك توپلىمى؛ «ياشلىقىڭىزنى قەدىرلەڭ» قاتارلىق ئىلمىي تەربىيىۋى كىتاب- ماقالىلەرنى ۋە «جەنۇبىي ئاسىيا چۆچەكلىرى» قاتارلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر توپلاملارنى تەرجىمە قىلغان.

«قىساسكار»، «پارس مەكتۇپلىرى»، «ئاللاھنىڭ زېمىنى»، «ئانا تۇپراق»، «بېشى يوق چەۋەنداز»، «غەسسان قىزى»، «ئالپامىش»، «شائىرنىڭ ئۆلۈمى»، «مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت»، «مەشھۇر زاتلارنىڭ تىلغا ئېلىنمىغان ھېكايىلىرى»، «ئاجايىپ قاچقۇن»، «لياچ جەي رىۋايەتلىرى»، «ھارام»، «ياش ۋېرتىرنىڭ دەردى»، «خەلق ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «ئاي غۇۋا، قۇشلار بىناۋا»، «بىيۇگ ژارگال»، «سىقىلغان يۈرەك»، «چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى تۆت چوڭ غەلىتە دېلو»، «دۇفۇ شېئىرلىرى»، «مۇقام تۆھپىكارلىرى»، «جىنايەت ۋە نەپرەت»، «نىقاب» قاتارلىق 60 پارچىدىن ئارتۇق رومان، پوۋېست، چۆچەك، رىۋايەتلەر توپلىمىنى تەھرىرلىگەن.

ئابلىكىم تۇردى ياش چاغلىرىدىن تارتىپلا ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلاپ 1951- يىلى «لۇتپۇللا ئاكا» دېگەن شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەتبۇئاتلاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلىنغان ۋە «بىر كۇپلېتلىق شېئىرلار» ناملىق توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان.

ئابلىكىم تۇردىنىڭ «ئەدەبىيات ۋە مۇناسىۋەت» ناملىق تەرجىمە ئەسىرى، «بىر كۇپلېتلىق شېئىرلار» ناملىق بىر گورۇپپا شېئىرى، «چىرىتىس» ناملىق تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن ئەسىرى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

]]>
?feed=rss2&p=10272 0