«ھېمىڭۋاي» نىڭ ئىزدەش نەتىجىسى – پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى http://www.pasahet.net Fri, 04 Nov 2016 04:54:31 +0000 ug-CN hourly 1 نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى قانداق باھالاپ چىقىلىدۇ؟ ?p=12157 ?p=12157#respond Wed, 21 Oct 2015 10:54:05 +0000 ?p=12157  

 

nobel

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى قانداق باھالاپ چىقىلىدۇ؟

ۋۇ يۆتيەن

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

 

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زور غولغۇلا قوزغىلىدۇ. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نەتىجىسىنىڭ ھەر يىلى 10- ئايدىكى مەلۇم بىر پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. بىراق، قايسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، پەقەت كۈز پەسلىنىڭ تېزرەك يېتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدۇ. مۇخبىرلار تەرەپ- تەرەپتىن شىۋېتسىيەگە كېلىپ خەۋەر تىڭتىڭلايدۇ، باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ كەينىدىن زېرىكمەي- تېرىكمەي سوكۇلداپلا يۈرىدۇ. باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان كۈنى ئۇلار ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا توپلىنىپ، خىلمۇ خىل پەرەزلەرنى قىلىشىدۇ. ھالبۇكى، كىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇققان چېغىدا ھەيرانلىقىدىن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالىدۇ. ئىشقىلىپ، ھەممەيلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تېپىشماقتەك بىر خىل سىرلىق تۈس ئاتا قىلىدۇ. كىشىلەر پەقەت كىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىنلا خەۋەر تاپالايدۇ، باھالاش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئەھۋالى قەتئىي سىر تۇتۇلىدۇ.

2007- يىلى فىرانسىيە يازغۇچىسى ئالبېرت كامۇسنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسى فىرانسىيەدە چىقىدىغان «كىتاب ئوقۇش» ژۇرنىلى مۇخبىرلىرىغا ئۇنىڭ ئارخىپىنى ئاشكارىلىغان. نوبېل مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتىنىڭ دائىمىي باش كاتىپى، 58 ياشلىق خوراس ئېنگىداخىل مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىش ھوقۇقىغا ئىگە تۆت ھەيئەتنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. دۇنيادىكى جىمى يازغۇچىلار تونۇشۇۋېلىشنى ئويلايدىغان بۇ كىشى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى تولىمۇ ئوچۇق- يورۇقلۇق بىلەن قوبۇل قىلىپ، كىشىلەرنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ سىرىدىن خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

نوېبل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان يازغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى تەۋسىيە ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. باھالاش كومىتېتى ھەر يىلى فىرانسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى قاتارلىق بەزى ئاكادېمىيە ۋە جەمئىيەتلەرنى، شۇنداقلا ھەيئەتلەر، پىروفېسسورلار، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەر، بولۇپمۇ بۇرۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنى شۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات تەۋسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، تەۋسىيە قىلىنغان يازغۇچىلار ئادەتتە تەخمىنەن 300 دىن 400 گىچە بولىدۇ. تۆت كىشىلىك باھالاش ھەيئىتىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتلەر ئەنە شۇ ئاساستا دەسلەپكى تاللاشنى باشلايدۇ. 4- ئايدا بىرىنچى تۈركۈمدىكى جەمئىي 20 كىشىلىك نامزاتنىڭ تىزىملىكى بېكىتىلىدۇ. نامزات تەۋسىيە قىلىش جەريانىدا قەتئىي ئەمەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇنداق بىر پىرىنسىپ بار: يەنى ھەر قانداق يازغۇچى ئۆزىنى تەۋسىيە قىلماسلىقى كېرەك. بەزى يازغۇچىلار ئۆزىنى بەك قالتىس چاغلاپ كېتىپ، بارلىق ئەسەرلىرىنى ئىمزا قويۇپ باھالىغۇچىلارغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. باھالىغۇچىلار بۇنداق يازغۇچىلارنى «ئۆز- ئۆزىنى قەتلى قىلىدىغان يازغۇچىلار» دەپ ئاتىشىدۇ، يەنى بۇنداق يازغۇچىلارنىڭ باھالىنىش سالاھىيتىمۇ بولمايدۇ.

5- ئايدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىندا تۆت كىشىلىك باھالاش ھەيئىتى پەقەت بەشلا كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر نۇسخا «قىسقا تىزىملىك» نى بېكىتىپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تەۋسىيە قىلىنغان نامزاتلارنىڭ ئارىسىدىن بەش كىشىنى تاللاپ چىقىشنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ھەيئەتلەرنىڭ ئىچىدە خەنزۇ تىلىنى مۇكەممەل بىلىدىغان مۇتەخەسسسىلەر بار بولسىمۇ، لېكىن ئىندىئان تىللىق ۋە ئەرەب تىللىق مۇتەخەسسىسلەر يەنىلا كەمچىل بولغاچقا، بەزى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى كۆرۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر تەرجىمە نۇسخىسىمۇ بولمىسا، باھالاش كومىتېتى مەخپىيەتلىكنى مۇتلەق ساقلىغان ئاساستا ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مۇتەخەسسىسنى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. 1996- يىلى ئۇلار سىلاۋىيان تىللىق بىر كىشىنى شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىگە تەكلىپ قىلىپ، پولشالىق شائىرە ۋىسلاۋا سىمبورىسكانىڭ شېئىرلىرىنى خەتمۇ خەت تەرجىمە قىلدۇرغان. شۇ يىلى دەل مۇشۇ شائىرە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

يېزىقسىز بەلگىلىمىدە پەقەت بەش كىشىلىك تىزىملىك بېكىتىلىپ چىقىش بەلگىلەنگەن. 1938- يىلى پېئارل باك تۇنجى قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەندە بەزى تالاش- تارتىشلار كۆرۈلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مۇشۇ «قىسقا تىزىملىك» تە ئىسىمى كۆرۈلگەن يازغۇچىلارلا تاللىنىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشكەن. بۇ تىزىملىك بېكىتىلگەندىن كېيىن باشقا باھالاش ھەيئەتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. 10- ئايدىكى بىلەت تاشلىنىشتىن بۇرۇن ھەيئەتلەر نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن يازغۇچىلارنىڭ ھەممە ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىقىشى شەرت. خوراس ئېنگىداخىل ھەيئەتلىككە تەيىنلەنگەن تۇنجى يىلى فونتېيىنبلۇ (پارىژغا يېقىن جايدىكى بىر بازار) غا بېرىپ دەم ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن 60 كىلوگىرام يۈك- تاقنى توشۇشقا ھاۋالە قىلغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى دەم ئېلىش جەريانىدا ئوقۇپ چىقماقچى بولغان كىتابلار ئىدى. مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۈچۈن باھالاش كومىتېتى ئىنتايىن قاتتىق تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىققان. خوراس ئېنگىداخىل بۇرۇن ئاخبارات ئورۇنلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن بولغاچقا، بۇ جەھەتتە ناھايىتى تەجرىبىلىك ئىدى. باھالاش باشلىنىشى بىلەنلا ئۇ كەسپداشلىرىنى ئۆز جورىلىرىغا ھەر قانداق خەۋەرنى ئاشكارىلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ ئايالىمۇ كىمنىڭ نامزاتلىققا تاللانغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھەر قېتىم يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن ئۈستەلدىكى ھۆججەتلەر يىغىۋېلىنىپ، قەغەز توغراش ماشىنىسىغا سېلىنىپ كېسىپ تاشلىنىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە ئۇلار يېقىن ئەتراپتىكى ئاشخانىدا كەچلىك تاماق يېگەچ نامزاتلارنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئالغاندا شەرتلىك بەلگە ئىشلىتىدۇ. ئالايلۇق، 2005- يىلى باھالىغۇچىلار پاراڭلىشىۋېتىپ ھاررى پوتتېرنى تىلغا ئالغان، ئەمەلىيەتتە شۇ يىلى خارولد پىنتېر مۇكاپاتقا ئېرىشتى. باھالىغۇچى ھەيئەتلەر ئارىسىدا ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق ئالاقە قىلىش چەكلەنگەن. مۇشۇ ئارقىلىق باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ باھالاشقا تەۋسىيە قىلىش ۋە بىلەت تاشلاشقا ئائىت خەۋەرلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

9- ئاي كىرگەن ھامان خوراس ئېنگىداخىل «تىزىملىكتىكى ئىسىملار ئاشكارىلىنىپ كەتكەنمىدۇ؟» دېگەن ئەندىشىدە نوبېل مۇكاپاتى ئۈچۈن دو تىكىدىغان تور بېكەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ. لېكىن، تا ھازىرغىچە خارولد پىنتېرغا 30 ھەسسە دو تىكىلگەندىن باشقا، ھېچقانداق تاساددىپىيلىق كۆرۈلمىگەن. باھالىغۇچىلار ھەر يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ ھەر پەيشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىدۇ ۋە ھەر قايسىسى ئۆز دەلىل- ئىسپاتلىرىنى كۆرسىتىپ، تاكى مۇكاپات نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان كۈنى بېكىتىلگىچە بولغان ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەرگىچە كەسكىن مۇنازىرىلىشىدۇ. 2007- يىلى باھالاش كومىتېتىدىكى بىر باھالىغۇچى ۋاپات بولغان، يەنە بىر باھالىغۇچىنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەن. شۇڭا 14 كىشىلىك باھالاش ھەيئىتى بىلەت تاشلىيالىغان، يەنى سەككىز تال بىلەت چۈشكەندىلا ئاندىن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى سايلاپ چىققىلى بولاتتى. باھالىغۇچىلارنىڭ پىكرى بىرلىككە كەلگەندە خوراس ئېنگىداخىل سائەت 12 يېرىمدا ئاستاغىنە زالدىن چىقىپ، ئىشخانىسىغا كىرىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. سائەت بىردە ئىشخانىسىدىن چىقىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارغا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىسىمىنى جاكارلايدۇ.

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش تەرتىپى ناھايىتى قاتتىق. ئەمما باھالاش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئامىللار تۈپەيلى، بەزىدە ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.

بۇ ئامىللارنىڭ ئىچىدە باھالىغۇچىلار ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. باھالىغۇچىلار ئەلۋەتتە ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا كۈچەيدۇ. ئەمما ھەدېسىلا دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە شەخسىي قىزىقىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شىۋېتسىيە بىر كىچىك دۆلەت. بىراق، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان يازغۇچىلار بەكلا كۆپ. لېكىن، بۇنىڭ باھالىغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بىلەن ئالاقىسى يوقمۇ ئەمەس. شىۋېتسىيەلىك شائىر ھاررى مارتىنسون 1974- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن بەك كۆپ تەنقىدكە دۇچ كەلگىنى ئۈچۈن 1978- يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى قورسىقىغا قايچا تىقىپ ئۆلۈۋالغان. مۇشۇ ۋەجىدىن، باھالىغۇچىلار ئۆز دۆلىتىدىكى يازغۇچى- شائىرلارنى باھالىغاندا ناھايىتى ئەندىشە ئىلىكىدە تەكرار- تەكرار ئويلىنىدىغان بولغان. بۇمۇ بەلكىم شۇنىڭدىن كېيىن شىۋېتسىيەلىك يازغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەسلىكىنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كېرەك.

ھەر بىر باھالىغۇچى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى بىر مۇتەخەسسىس ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار چەت ئەل ئەدەبىياتىغا ناھايىتى قىزىقىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىختىن بېرى ئەدەبىيات دۆلىتى فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئالاھىدە قويۇق بولغان كىشىلەردۇر. ئالايلۇق، خوراس ئېنگىداخىلنىڭ ئۆزىمۇ پەيلاسوپ دېررىدانىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. گۇنايىر ۋالكىست مارسىل پىرۇسىتنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. جېس بېل سۋېن بلو ئىلگىرى پارىژدا ئوقۇتقۇچى بولغان. ئايال باھالىغۇچى كاتارىنا فوروستىنسون نوقۇل مارگارت دۇراسنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭ يولدىشىمۇ فىرانسىيەلىك. بىز مۇشۇ ۋەجىدىنلا باھالىغۇچىلاردا فىرانسىيەگە يان بېسىش ئەنئەنىسى بار دېسەك بولمايدۇ. بىراق، ئالبېرت كامۇس 1957- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ كۈچ چىقىرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا فىرانسىيەدە ئالقىشلىنىۋاتقىنى يەنىلا ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى بىر ئەۋلاد پېشقەدەم يازغۇچىلار ئىدى. لېكىن، خيامارتا جىلبېگ بىلەن بىرگېر ئىكېبگ مارشالدىن ئىبارەت بۇ ئىككى باھالىغۇچى 1949- يىلىدىن باشلاپلا كامۇسنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغانىدى. ئۇلار سەككىز يىل ئىچىدە كامۇس ئۈچۈن مەخسۇس تۆت پارچە دوكلات يازغان، 1949- يىلى يېزىلغان دوكلاتنىڭ سەھىپىسى 30 بەتكە يەتكەن. باھالاش كومىتېتى ئىزچىل ئۇنىڭ بىرەر كاتتا ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشىغا تەشنا بولغان. 1956- يىلى كامۇسنىڭ «چۈشكۈنلىشىش» ناملىق ئەسىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەر باھالىغۇچىلارغا قالتىس ياراپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئالبېرت كامۇس 1957- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. كامۇس مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىش نۇتۇقى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئالايىتەن ئاكادېمىك ئىكىبېگ ئەر- ئايالنى زىياپەت ئۈستىلىگە باشلاپ كېلىپ ئولتۇرغۇزغان. بۇ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئىكىبېگ مارشالغا بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقى ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، باھالاش نەتىجىسىگە تەۋسىيە قىلىنغۇچىنىڭ سالاھىيىتىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. باھالاش كومىتېتى باھالىغۇچىلارغا، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋە فىرانسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەۋسىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما شىۋېتسىيە خان ئوردىسىنىڭ تەۋسىيەسى تەبىئىيلا بەكرەك ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ. 1951- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى شىۋېتسىيە پادىشاھى گۇستاف Ⅵ نىڭ كىچىك ئىنىسى شاھزادە گىلليۇم ئۆز قولى بىلەن باھالاش كومىتېتىدىكىلەرگە بىر پارچە خەت يېزىپ، شۇ يىللىق مۇكاپاتنى فىرانسوۋا مورىياكقا بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئۇ خېتىدە: «مورىياك كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياش يازغۇچىلارنىڭ پېشىۋاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن فىرانسىيە ئەدەبىياتىدا مۇھىم ۋە مەركەزلىك رول ئويناۋاتىدۇ» دەپ يازغان. شاھزادە گىلليۇمنىڭ قوللىشى ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. فولكىنېر دەل ئۇنىڭ قوللىشى بىلەن 1949- يىلى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا نوبېل مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان. مورىياك مۇشۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇدا ئۈچ قېتىم مەغلۇپ بولغان ئىدى. 1952- يىلىمۇ چېرچىل، ئالبېرت كامۇس ۋە مارلۇ قاتارلىقلارنىڭ كۈچلۈك رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن. لېكىن 1952- يىلى 11- ئاينىڭ 6- كۈنى يەنىلا تولۇق بىلەت بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك قارارى ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ شىۋېتسىيەنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى دەرھال ماشىنا بىلەن مورىياكقا خۇشخەۋەر يەتكۈزگىلى چاپقان. سىدگارمودا ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك زىياپەتتە مورىياك شىۋېتسىيە خانىشى، يەنى شاھزادە گىلليۇمنىڭ يەڭگىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان.

تەۋسىيە قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدىكى مىساللار بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئالايلۇق، 1946- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گېرمانىيە يازغۇچىسى ھېرمان ھېسسى 1931- يىلىدىن باشلاپلا 1929- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گېرمانىيەلىك يازغۇچى توماس ماننىڭ تەۋسىيەسىگە مۇيەسسەر بولغان. كېيىن يەنە باھالاش كومىتېتىدىكى ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى شىۋېتچىگە تەرجىمە قىلغان باھالىغۇچىنىڭمۇ ياردىمىگە ئېرىشكەن.

1960- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فىرانسىيەلىك شائىر جون پېرس فىرانسىيەنىڭ پېشقەدەم دېپلوماتىيە ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇنى مۇكاپاتقا تەۋسىيە قىلغان دوستى خاماشىر ھەم باھالىغۇچى، ھەم ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغدا ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى! گاۋ شىڭجيەننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى باھالىغۇچىلار ئارىسىدىكى خەنزۇ تىلىنى بىردىنبىر بىلىدىغان كىشى ما يۆرەندىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. گاۋ شىڭجيەننىڭ «روھ تېغى» ناملىق رومانىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى تېخى نەشر قىلىنماستا ما يۆرەن ئەپەندى بۇ روماننى شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغانىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، مۇكاپاتقا ئېرىشىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تاساددىپىي ئامىللارمۇ بار. ئالايلۇق، ئاندىرىي گىد 1946- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ، كېيىنكى يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ بۇنچە تېز مۇكاپاتقا ئېرىشىشى يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. باھالاش كومىتېتى بۇ جەھەتتە چوڭقۇر ساۋاققا ئىگە بولغان. فىرانسىيە شائىرى پاۋل ۋالېرىي نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئون قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. 1945- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشمەكچى بولغاندا، شۇ يىلى 7- ئايدا ۋاپات بولغان. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارىخىدا پەقەت بىرلا قېتىم ۋاپات بولۇپ كەتكەن يازغۇچىغا مۇكاپات بېرىلگەن، ئۇ بولسىمۇ شىۋېتسىيە شائىرى كارلفېلدىت بولۇپ، 1931- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. باھالاش كومىتېتى ئەسلىدە 1918- يىلىدىن باشلاپلا ئۇنىڭغا مۇكاپات بەرمەكچى بولغان، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ شىۋېتىسيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۆمۈرلۈك كاتىپىلىق سالاھىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇكاپات ئېلىشنى قەتئىي رەت قىلغان. ئۇ 1931- يىلى پېنسىيەگە چىقىپ خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئاكادېمىيە ئاخىرى ئۇنىڭغا مۇكاپات بەرمەكچى بولغان، كۈتمىگەندە ئۇ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. شۇنىڭ بىلەن باھالاش كومىتېتى ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ نوبېل مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلغان. بۇنى ئەلۋەتتە ئالاھىدە بىر مىسال دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇنداق ئىش كۆرۈلمىگەن. ئاندىرېي گىد 1947- يىلى 78 ياشقا كىرىپ قالغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى. باھالاش كومىتېتى ئۇنىڭ ھەر قاچان ۋاپات بولۇپ كېتىش خەۋپىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا شۇ يىلى مۇكاپات بەرگەن.

يازغۇچىلارنىڭ تەلىيىنىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىكى بىر ئامىل دېيىشكە بولىدۇ. 1953- يىلى ۋېنىستون چېرچىلنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى قاتتىق تالاش- تارتىش قوزغىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاساسلىقى ناتىقلىق سالاھىيىتى بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دائىمىي كاتىپى بىر قېتىملىق مەخپىي يىغىندا: «بۇ يىل ھېچكىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا ئېرىشەلمىدى، ئەمما ئاكادېمىيەرىمىز بۇ يىللىق ساننى كېلەر يىلىغا قالدۇرۇپ قويۇشنى خالىمايدۇ. شۇڭا چېرچىلنىڭ نامزاتلىق سالاھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ باقساق دەيمەن» دېگەن. باھالىغۇچىلار بىلەت تاشلاشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى شىۋېتسىيە تەرەپ ئاۋۋال دېپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ئۇنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىشىنى خالايدىغان- خالىمايدىغانلىقىنى مەخپىي ئىگىلىگەن. چېرچىل بۇنىڭغا قارىتا: «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشمەكچى بولغانلىقىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇڭا نوبېل مۇكاپاتى تارىخىدا چېرچىل ئالدىنئالا پىكىر ئېلىنغان نامزات بولۇپ قالغان.

1954- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھېمىڭۋايمۇ شۇنداق بولغان. باھالاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئۇنىڭغا بولغان باھادا ئىزچىل ئىختىلاپ ساقلانغان. 1947- يىلىدىكى بىر پارچە دوكلاتتا ھەتتا: «ئۇ بىر بۈيۈك شائىر ئەمەس، كىشىنى قايىل قىلغۇدەك بىر پارچە قالتىس ئەسىرىمۇ يوق» دەپ قارالغان. 1953- يىلى «بوۋاي ۋە دېڭىز» ناملىق ئەسەر نەشر قىلىنغاندىن كېيىن بۇ خىل قاراشتا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش بولغان. 1954- يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى ھېمىڭۋاي ھەققىدە بولۇنغان بىر قېتىملىق مۇنازىرىدە يېرىم سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇكاپاتقا سايلانغان. ئايروپىلان ئاۋارىيەسىدە يارىلانغان ھېمىڭۋاي سىدگارموغا مۇكاپات تاپشۇرۇۋالغىلى بېرىشقا ئامالسىز قالغان، شىۋېتسىيەنىڭ ھاۋانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئۇنىڭغا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا مال توشۇيدىغان پاراخوتقا ئولتۇرۇپ شىۋېتسىيەگە بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن.

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن باشلاپ، نامزات تاللاش ئىشىدا نۇرغۇن سەۋەنلىكلەرگە يول قويۇلغان. 1901- يىلى مۇكاپات تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان يىل بولۇپ، ئېمىل زۇلانىڭ ئەدەبىيات جەھەتتىكى نەتىجىسىنى پۈتۈن دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى درېيفۇس ۋەقەسىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئادالەتنى ياقلاشتا باشلامچىلىق رول ئوينىغانىدى. ئەسلىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئۇنىڭغا بېرىلىشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، ناتۇرالىزمغا بولغان خۇسۇمەت باھالىغۇچىلارنىڭ چىقارغان خاتا ھۆكۈملىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىشىغا ئىمكان بەرمىگەن. ئۇلار: «ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ھە دېسىلا ناھايىتى قوپال، رەڭ- بېزەكسىز، ئاددىي، سىدام تەسۋىرلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ ھال كىشىلەرنى ئىدىيالىزملىق خاھىشقا ئىگە يازغۇچىلارغا بېرىلىشى كېرەك بولغان مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا بېرىشنى تەۋسىيە قىلىشتىن توسۇپ قويىدۇ» دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا مۇكاپات بەرمىگەن.

يەنە شۇنداق سەۋەب تۈپەيلى، 1902- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئىتالىيەلىك تارىخشۇناس مومسېنغا بېرىلگەن. ئەمما نامى جاھانغا تارالغان ئۇستاز يازغۇچى تولىستويغا «ئەسەرلىرىدە قورقۇنچلۇق ناتۇرالىزملىق تەسۋىرلەرنى ئىشلەتكەن»، «مەدەنىيەتكە دۈشمەنلىك نەزەردە قارىغان»، «نەزەرىيە جەھەتتە ھۆكۈمەتسىزلىك خاھىشى كۆرۈلگەن» دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇكاپات بېرىش رەت قىلىنغان. 1936- يىلى سىگموند فىرىئۇد 1915- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچى رومىن روللاندنىڭ تەۋسىيەسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەلىماتلىرى شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. باھالىغۇچىلار ئۇنى «تەسەۋۋۇرنى بۇرمىلىغان»، «تىلنى ئەر- ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى قاتارىدا كۆرۈپ كەمسۇندۇرغان» دەپ تەنقىد قىلغان. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، ئۇ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم نامايەندىلەرنى چىرىتىۋەتكەن، دەپ قارىغان.

مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئەڭ ئەگرى- توقاي بولغىنى فىرانسىيەلىك شائىر مارلو. ئۇ دۈشمەنگە باتۇرلارچە قارشى تۇرۇشتەك شەرەپلىك كەچۈرمىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن رىۋايەت تۈسىگە ئىگە كاتتا يازغۇچى. ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئۈچ قېتىم نائىل بولغان. ئەپسۇس، ھەر قېتىمدا ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتتا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تاجىنى كىيىش باشقا يازغۇچىلارغا نېسىپ بولۇپ كەتكەن. 1947- يىلى ئۇ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تۇنجى قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەندە ئاران 46 ياشتا ئىدى. لېكىن، بەك ياش بولغاچقا، بىر نەچچە يىل ساقلىسا ھېچنېمە بولمايدۇ دەپ قارالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئورنىغا ياشانغان ئاندىرېي گىد مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەر يىلى دېگۈدەك نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. 1957- يىلى ئۇ «تەسەۋۋۇردىكى مۇزېي» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئالبېرت كامۇسنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن تۇنجى قىلغان گېپى «مۇكاپاتقا ئەسلى مارلو ئېرىشىشى كېرەك ئىدى» بولغان. سىياسىي جەھەتتىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئالبېرت كامۇس مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدە تەنقىدكە ئۇچرىغان، مارلو بولسا ئۇنى تەبرىكلىگەن بىردىنبىر يازغۇچى بولۇپ قالغان. ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىقى 1967- يىلى يۈز بەرگەن. شۇ يىلى مارلونىڭ «ئەسلىمىگە قايتىش» ناملىق ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. بىراق، چېرچىلنىڭ 1953- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئىختىلاپ قوزغىغانلىقى ئۈچۈن باھالىغۇچىلار ھۆكۈمەت ئەزالىرىغا مۇكاپات بەرمەسلىككە قەسەم ئىچكەن ئىدى، ھەتتا مەدەنىيەت ئەمەلدارى بولغان تەقدىردىمۇ مۇكاپات بېرىشكە بولمايدۇ دەپ بېكىتىلگەنىدى. مارلو شۇ چاغدا دى گول ھاكىمىيىتىدە مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولغاچقا چەتتە قالدۇرۇلغانىدى. 1969- يىلى ئۇ ھۆكۈمەتتىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ساموئېل بېككىت ۋە سولژېنىتسىن قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد يازغۇچىلارنىڭ شۆھرىتى راسا ئەۋجىگە چىققان بولغاچقا، مارلو نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈمىدىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قالغان.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «كىتاب ئوقۇش» ژۇرنىلىنىڭ 359- سانى (2007- يىل 10- ئاي) دا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرى ۋە خوراس ئېنگىداخىلنىڭ زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان. بۇ سان ژۇرنالغا يەنە فىرانسىيە گونكۇرت ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالىنىش مۇساپىسىمۇ ئېلان قىلىنغانىدى. مەسخىرە تۈسىنى ئالغىنى شۇكى، گونكۇرت ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردا نەشرىياتلار بىلەن باھالىغۇچىلار مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماستىن ئۆزلىرىگە بىلەت توپلىغان. يەنى نەشرىيات سودىگەرلىرى باھالىغۇچى دوستلىرىغا باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان رومانلارنى تەۋسىيە قىلغان. ھەر قايسى نەشرىياتلارغا قاراشلىق باھالىغۇچىلار ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئوخشىمىغان تاكتىكىلارنى قوللانغان. نەشرىيات سودىگەرلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرىنى سېتىش ياكى مۇشۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەپچىل نۇسخىلىرىنى بېسىش ئارقىلىق زور پايدىغا ئېرىشكەن. باھالىغۇچىنىڭ ئۆزى ياكى باھالىغۇچلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن نەشر قىلىش توختاملىرىنى تۈزۈش، باھالىغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارلارنى تەشكىللىگەن. كىشىنى مەمنۇن قىلىدىغىنى شۇكى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالىغۇچىلىرىدا بۇ جەھەتتە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەن. باھالىغۇچىلاردىكى بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئاساسلىقى شۇ چاغدىكى دەۋر شارائىتى پەيدا قىلغان.

دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ناھايىتى تېز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرمۇ تەدرىجىي ھالدا ياۋروپادىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا، بولۇپمۇ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئافرىقا قىتئەسىگىچە كېڭەيگەن. خۇددى خوراس ئېنگىداخىلنىڭ ئېيتقىنىدەك، فىرانسىيەدە يېڭى پىروزىچىلار ئېقىمى ۋە قۇرۇلمىچىلىق قاتارلىق تەجرىبە خاراكتېرىنى ئالغان ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر ھالدا كىلاسسىك بىر دەۋرنى ياراتتى. نۆۋەتتە فىرانسىيە ئەدەبىيات سەھىنىسىدە دەل شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. لېكىن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەرگىزمۇ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى چەتتە قالدۇرۇپ قويمايدۇ. ئۇ يەنە: «ئەدەبىياتنى نوقۇل پىروزا ياكى شېئىرىيەت جەھەتتىلا چەكلەپ قويماسلىق كېرەك، چۈنكى 1950- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بېرتىراند رۇسسېل، 1953- يىلى مۇكاپاتقا ئېرشىكەن ۋېنىستون چېرچىل قاتارلىقلار ئېچىپ بەرگەن يولنى بويلاپ ماڭساق، ناھايىتى مۇھىم بولغان ‹دەلىل- ئىسپات ئەدەبىياتى› نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغانلىقىنى بايقايمىز، بۇ خىل ئەدەبىيات ژانېرىنىڭ ساياھەتنامە ۋە ئەركىن خاتىرە قاتارلىق نۇرغۇن شەكىللىرى بار» دەپ كۆرسەتكەن. يۇقىرىقى بايانلاردىن بىز يېڭى ئەسىردىكى ئەدەبىيات مەنزىرىسىگە قارىتا ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلىمىز.

(ئاپتور: جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە)

خەنزۇچە «چەت ئەل ئەدەبىياتى» تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى

 بۇ ماقالە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان

]]>
?feed=rss2&p=12157 0
ئېرنىسىت ھېمىڭۋاي: سۇدىكى مۈشۈك ?p=12027 ?p=12027#comments Wed, 05 Mar 2014 04:26:54 +0000 ?p=12027 سۇدىكى مۈشۈك

ئېرنېست ھېمىڭۋاي(ئامېرىكا)

 

تەرجىمە قىلغۇچى: قۇدرەت بارات

 

مېھمانخانىدا قونغانلار ئىچىدە ئامېرىكىلىق مېھماندىن پەقەت ئىككىسىلا بار. ئۇلار ياتاققا كىرىپ چىقىپ، پەلەمپەيدىن ئۆتىۋاتقاندا ئۆزلىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تونۇمايتتى. ئۇلارنىڭ ياتىقى دېڭىزغا قاراپ تۇرغان ئىككىنچى قەۋەتتە ئىدى. ياتاق دېرىزىسى ئۇدۇلىغا يەنە باغچا بىلەن ئۇرۇش ئابىدىسى توغرا كېلەتتى. باغچىدا يوغان پالما دەرىخى، يېشىل رەڭلىك ئۇزۇن ئورۇندۇق بار ئىدى. ھاۋا ياخشى كۈنلەردە، باغچىدا رەسىم جاھازىسى ئېلىۋالغان رەسسامنى كۆرگىلى بولاتتى. رەسساملارنىڭ ھەممىسى پالما دەرىخىنىڭ ئېگىز ئۆسكەن ھالىتىنى، دېڭىز بىلەن باغچىغا قاراپ تۇرغان مېھمانخانىنىڭ كۆركەم مەنزىرىسىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىتالىيەلىكلەر دائىملا ئۇرۇش ئابىدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىدۇ. ئۇرۇش ئابىدىسى مىستىن ياسالغان. يامغۇر ياغسا يالتىراپ نۇر چاچىدۇ. يامغۇر ياغماقتا. يامغۇر سۈيى پالما دەرىخى ئۈستىدىن تامچىلىماقتا. تاش يولغا سۇ كۆللەپ قالغان. دېڭىز سۈيى يامغۇر بىلەن قوشۇلۇپ دومىلاپ كەلگىنىچە قىرغاققا ئۇرۇلىدۇ، ئارقىدىن دېڭىز ساھىلىنى بويلاپ سىيرىلغىنىچە كەينىگە قايتىدۇ، يەنە بىردەمدىن كېيىن يامغۇر سۇلىرى بىلەن قوشۇلۇپ دومىلاپ كېلىدۇ. ئۇرۇش ئابىدىسى يېنىغا توختىتىلغان ماشىنالارنىڭ ھەممىسى ھەيدەپ كېتىلدى. مەيداننىڭ ئۇدۇلىدا، مۇلازىملاردىن بىرى ئاشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا قۇرۇقدىلىپ قالغان مەيدانغا قاراپ تۇرماقتا.

ئامرېكىلىق خانىم دېرىزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ سىرتقا نەزەر تاشلىدى. سىرتتا-ئۇلارنىڭ دەرىزىسى ئاستىدا- بىر مۈشۈك ئەتراپىدىن يامغۇر سۈيى تامچىلاۋاتقان يېشىل رەڭلىك ئۈستەلنىڭ تېگىدە تۈگۈلۈپ تۇراتتى. مۈشۈك يامغۇر سۈيىنىڭ بەدىنىگە تېمىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بار كۈچىنى يىغىپ تۈگۈلمەكتە ئىدى.

-پەسكە چۈشۈپ ئاۋۇ مۈشۈكنى تۇتىۋالاي،-دېدى ئامرېكىلىق خانىم.

-مەن تۇتاي،-ئۇنىڭ كارىۋاتتا ياتقان ئېرى شۇنداق دېدى.

-ياق، ئۆزۈم تۇتىمەن. ئۇ بىچارە مۈشۈك ھۆل بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۈستەلنىڭ ئاستىغا كىرىۋالدى.

ئۇنىڭ ئېرى كىتاۋىنى كۆرىۋەردى. ئۇ بېشىغا ئېگىز ياستۇقتىن ئىككى قويۇپ، كارىۋاتنىڭ ئاياق تەرىپىدە ياتاتتى.

-يامغۇردا قالماڭ،-دېدى ئۇ.

خانىم پەلەمپەيدىن چۈشۈپ، مېھمانخانا ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، مېھمانخانا خوجايىنى ئۇنىڭ ئېگىلىپ سالام بەردى. مېھمانخانا خوجايىنىنىڭ يېزىق ئۈستىلى ئىشخانىنىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدا ئىدى. ئۇ بەكلا ئېگىز بويلۇق ياشانغان كىشى ئىدى.

-يامغۇر يېغىپ كەتتى،-دېدى خانىم. ئۇ مېھمانخانا خوجايىنىنى ياختۇرۇپ قالدى.

-شۇنداق، شۇنداق، خانىم، ھاۋا ياخشى ئەمەس. ھاۋا بەك ناچار.

مېھمانخانا خوجايىنى قاراڭغۇ ئىشخانىسىنىڭ بۇلۇڭىدىكى يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى. خانىم ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ھەرقانداق زارلىنىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى، ئۇ ئۇنىڭ تەمكىن پوزىتسىيىسىنى، ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پوزىتسىيىسىنى ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۆزىنى مېھمانخانا خوجايىنى دەپ ھېسابلىغاندىكى مۇئامىلىسىنى ، ئۇنىڭ ياشانغان يۈزىنى ۋە يوغان قولىنى ياقتۇرۇپ قالدى.

ئۇ بىر ياقتىن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغاچ، بىر ياقتىن ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا قارىدى. يامغۇر تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. رېزىنكە يېپىنچا كىيىۋالغان بىرەيلەن مەيداننى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاشخانا تەرەپكە قاراپ ماڭماقتا. ھېلىقى مۈشۈك تەخمىنەن ئوڭ تەرەپتىكى يېقىن ئەتراپتا. بەلكىم ئۇ بىنانىڭ لەمپىسىنى بويلاپ مېڭىپ يەر ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئىشىك ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدىن بىر كۈنلۈك ئېچىلدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ياتىقىغا مەسئۇل مۇلازىم قىز ئىدى.

-سىزنى ھۆل قىلىۋەتمەسلىكىم كېرەك،-ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، ئىتالىيە تىلىدا شۇنداق دېدى. ئۇنى مۇشۇنداق قىلىشقا مېھمانخانا خوجايىنى ئورۇنلاشتۇرغىنى ئېنىقلا ئىدى. خانىم مۇلازىم قىزنىڭ كۈنلۈك بىلەن ئۆزىنى قوغدىشى ئاستىدا، تاشلىق يولنى بويلاپ، ئۆزى چۈشكەن ياتاقنىڭ ئاستىغا كەلدى. ئۈستەل مۇشۇ يەردە ئىدى، يامغۇردا ياپيېشىل بولۇپ كەتكەن ئىدى. بىراق، مۈشۈك يوق تۇراتتى. ئۇ بىردىنلا بەك ئۈمىدسىزلەندى. مۇلازىم قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى.

-بىرەر نەرسىڭىزنى يوقۇتۇپ قويدىڭىزمۇ، خانىم؟

-بىر مۈشۈكنى.

-مۈشۈكنى؟

-ھەئە، مۈشۈكنى؟

-مۈشۈكنى؟-مۇلازىم قىز قاقاھلاپ كۈلدى،-يامغۇردا قالغان مۈشۈكنى؟

-شۇنداق. مۇشۇ ئۈستەلنىڭ ئاستىدا ئىدى،-ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،-ھەي، ئۇنى ھەجەپ سېغىندىم. ئۇ ماڭا كېرەك ئىدى.

ئۇ ئېنگىلىزچە سۆزلىگەندە، مۇلازىم قىزنىڭ يۈزى بىردىنلا تارتىشىپ كەتتى.

-يۈرۈڭ، خانىم، كىرىپ كېتىشىمىز كېرەك، ھۆل بولۇپ كېتىسىز.

-شۇنداق بولۇشىنى خالايمەن.

ئۇلار تاشلىق يولنى بويلاپ كەينىگە قايتىپ، مېھمانخانىغا كىردى. مۇلازىم قىز سىرتتا قېلىپ، كۈنلۈكنى يىغدى. ئامرېكىلىق خانىم مېھمانخانىنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، مېھمانخانا خوجايىنى ئۇنىڭغا سالام قىلدى. خانىم بىر ئاز زېرىكىش ۋە ئوڭايسىزلىق ھېس قىلدى. بۇ خوجايىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەك زېرىكىشلىك بىلنەشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەكلا قالتىس بىلنەشتى. خانىم بىردىنلا ئۆزىنى بەك قالتىس ھېس قىلدى. ئۇ پەلەمپەيدىن چىقىپ، ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. جورجى كارىۋاتتا يېتىپ كىتاب كۆرىۋاتاتتى.

-مۈشۈكنى تۇتىۋالالىدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى ئۇ قولىدىكى كىتابنى قويۇپ.

-قېچىپ كەتتى.

-نەگە قېچىپ كېتىدۇ؟-دېدى ئۇ كىتابقا قارىماستىن كۆزىنى ئارام ئالدۇرغاچ.

خانىم كارىۋاتتا ئولتۇردى.

-ماڭا ئۇ مۈشۈك بەك كېرەك ئىدى، ئۇ مۈشۈككە نېمىشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئۇ بىچارە مۈشۈك ماڭا كېرەك. يامغۇردا قالغان بىچارە مۈشۈك بولۇپ قېلىش ھەرگىزمۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش ئەمەس.

جورجى يەنە كىتابقا قارىدى.

ئۇ گىرىم ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولىغا ئەينەكنى ئېلىپ، ئۆزىگە قارىدى. ئۇ ئۆزىنى يان تەرەپتىن ئوبدان كۆزەتتى. ئاۋال بىر تەرەپتىن ،ئاندىن يەنە بىر تەرەپتىن كۆزەتتى. ئاندىن بېشىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ۋە بوينىغا سىنچىلاپ قارىدى.

-ئەگەر چېچىمنى قويۇۋەتسەم، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟-دەپ سورىدى ئۇ. ئاندىن يەنە يان كۆرۈنىشىگە قارىدى.

جورجى بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ بوينىغا قارىدى. ئۇنىڭ چېچى ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش قىسقا قىلىپ ياسىتىلغان ئىدى.

-مۇشۇ ھالىتىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن.

-لېكىن، بۇ ھالىتىمدىن بەك زېرىكتىم. ئەر كىشىدەكلا. ئىچىمنى بەك پۇشۇردى.

-سىز راستلا بەك چىرايلىق.

ئۇ ئەينەكنى گىرىم ئۈستىلىنىڭ ئۈستىگە قويدى، دېرىزىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يىراقلارغا قارىدى. ئاسماننى بارا-بارا قاراڭغۇلۇق قاپلىماقتا ئىدى.

-مەن چېچىمنى ھەم چىڭ، ھەم سىلىق ئۆرۈپ، ئارقا تەرىپىمدىن ئۆزۈم سىلىيالىغۇدەك ھالەتتە تۈگۈنچەكلىۋالىمەن،-دېدى ئۇ،-مېنىڭ راستتىنلا بىر مۈشۈكنى تىزىمغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنى سىلاپ مىياڭشىتقۇم بار.

-شۇنداقمۇ؟-دېدى جورجى كارىۋاتتا يېتىپ. مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ كۆمۈش چىنە-قاچىلىرىمدا تاماق يەيمەن. شام ياقىمەن. ھازىر مەن ئۈچۈن باھار پەسلى بولۇشى، ئەينەككە قاراپ چاچ تارىشىم كېرەك. ماڭا مۈشۈك لازىم. يەنە نەچچە قۇر يېڭى كىيىم لازىم.

-ۋاي، بولدى قىلىڭ، بىر نەرسە تېپىپ ئوقۇڭە،-دېدى جورجى. ئۇ يەنە كىتاب ئوقۇدى.

ئۇنىڭ ئايالى دەرىزىدىن سىرتقا قارىدى. بۇ چاغدا، سىرت قاپقاراڭغۇ بولۇپ كەتتى. يامغۇر تېغىچى پالما دەرىخىگە ئۇرۇلماقتا ئىدى.

-ئشقىلىپ، ماڭا بىر مۈشۈك لازىم،-دېدى ئۇ،-ماڭا مۈشۈك لازىم، ھازىر ماڭا بىر مۈشۈك لازىم. ئۇزۇن چېچىممۇ، مېنى خۇشال قىلىدىغان بىرەر نەرسەممۇ بولمىغاندىكىن، بىر تال مۈشۈك بولسا يامان كەتمەس.

جورج ئەمدى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ كىتاب ئوقۇماقتا. ئۇنىڭ ئايالى دېرىزىدىن سىرتقا قارىماقتا. مەيداننىڭ چىراقلىرى يورۇپ كەتكەن ئىدى.

بىرسى ئىشىك چەكتى.

-كىرىڭ،-دېدى جورج كارۋاتتا ياتقان پېتى نەزىرىنى ئىشىككە بۇراپ.

ھېلىقى مۇلازىم قىز ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۇ يوغان بىر كارتېتا مۈشىكىنى چىڭڭىدەك قۇچاقلىۋالغان ئىدى. ئۇ مۈشۈكنى پەم بىلەن قويۇپ بەردى.

-كەچۈرۈڭ،-دېدى مۇلازىم،-خوجايىن بۇ مۈشۈكنى خانىمىڭىزغا بېرىشىمنى ئېيتقان ئىدى.

«نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ مىكرو ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

بۇ ھېكايە «ئەدەبىي تەرجىمە ژۇرنىلى» 2014- يىللىق 2- ساندا ئېلان قىلىنغان

]]> ?feed=rss2&p=12027 6 «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» 2014-يىللىق 2-سان ?p=12010 ?p=12010#comments Sat, 22 Feb 2014 11:18:20 +0000 ?p=12010 «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» 2014-يىللىق 2-سان مۇندەرىجىسى

پوۋېست

ئەمەلدارلىق يولى ــــــــــــــــــــــــــــــــــ تاڭ داتيەن (ئىبراھىم نىياز تەرجىمىسى) 3

ھېكايە

ئىككىگە بۆلۈۋېتىلگەن دۇنيا ـــــــ جۇشەنپۇ (ياسىن سىيىت ئارچىن تەرجىمىسى) 49

كىچىك ھېكايە

مېنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىم ـــــــــــــــــــــــــــــ خۇدېيۈن (ساتتار ئابدۇللا تەرجىمىسى) 64

ساپا ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ سۇن شىڭيۈن (ساتتار ئابدۇللا تەرجىمىسى) 67

شېئىر

يېسىنىن شېئىرلىرىدىن ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ جېلىل خېلىل تەرجىمىسى 69

چەت ئەل ئەدەبىياتى

ئېرنىست ھېمىڭۋاي مىكرو ھېكايىلىرىدىن ئىككى پارچە ــــــ قۇدرەت بارات تەرجىمىسى 73

كۆزنەك

نەگە بېرىش كېرەك ـــــــــــــــــــــــــــــ ليۇ چىڭباڭ (راخمان مامۇت تەرجىمىسى) 78

ئەدەبىي خاتىرە

ھېسسىننىڭ ئەنگلىيەگە ئۇچىشىدىكى سىر ـــــ ۋىليام جا. سىندېر (غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى) 91

نەسىر

موگاۋ غارلىرى ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ يۈ چيۇيۈ (دولقۇن ئەلى تەرجىمىسى) 94

ھەيرانباغ

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇش ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى 102

 

]]>
?feed=rss2&p=12010 2
ئېرنىست ھېمىڭۋاي: كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي ?p=12000 ?p=12000#respond Tue, 18 Feb 2014 05:25:30 +0000 ?p=12000 كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي

ئېرنېست ھېمىڭۋاي(ئامېرىكا)

تەرجىمە قىلغۇچى: قۇدرەت بارات

 

تۆمۈر جاھازىلىق كۆزەينەك تاقىۋالغان، كىيىملىرىنى توپا-چاڭ باسقان بىر بوۋاي يول بويىدا ئولتۇرىدۇ. دەريا ئۈستىدە بىر لەيلىمە كۆۋرۈك بار بولۇپ، چوڭ ھارۋىلار، يۈك ماشىنىلرى، ئەرلەر، ئاياللار، بالىلار بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتمەكتە. قېچىر ھارۋىلىرى ئاستا سۈرئەتتە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ئۆرىدەش يولدا دەريا ساھىلىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، ئەسكەرلەر ھارۋىنى كەينىدىن ئىتتىرىشمەكتە. يۈك ماشنىلىرى يانداپ ئۆتۈپ ھەممىنى كەينىدە قالدۇردى، بىراق، دېھقانلار تېخىچە توپا كىچىپ ئاستا ئىلگىرىلىمەكتە. بوۋاي بولسا مىدىر-سىدىر قىلماستىن يول بويىدا ئولتۇرىدۇ. ئۇ بەكلا ھېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مېڭىشنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ.

مېنىڭ ۋەزىپەم كۆۋرۈك ئارقىلىق دەريا ساھىلىغا بېرىپ، دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ نەگىچىلىك ئىلگىرىلىگىنىنى رازۋىدكا قىلىش ئىدى. ۋەزىپىنى تۈگىتىپلا كۆۋرۈك تەرەپكە قايتىپ كەلدىم. ئەمدىلىكتە بىر نەچچە ھارۋا ۋە ئازغىنە پىيادە ماڭغان كىشىلەر كۆۋرۈكتىن ئۆتمەكتە. بىراق، ھېلىقى بوۋاي يەنىلا شۇ جايىدا ئولتۇرىدۇ.

-سىز نەدىن كەلگەن؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.

-سېنت كارلوستىن،-دېدى ئۇ كۈلۈمسىرىگە ھالدا.

ئۇ يەر ئۇنىڭ يۇرتى ئىدى. شۇڭىلاشقا، ئۇ يۇرتىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشى بىلەنلا روھلىنىپ، كۈلۈمسىرىدى.

-مەن ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل،-دېدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ.

-ھە،-دېدىم مەن. ئەمما ئۇنىڭ دېگىنىنى تولۇق چۈشەنمىدىم.

-شۇنداق،-دېدى ئۇ،-مەن قېپ قېلىپ ئۆي ھايۋانلىرىىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. مەن سېنت كارلوستىن ھەممىدىن كېيىن ئايرىلغان.

ئۇنىڭ تۇرۇقىدىن پادىچىدەك كۆرۈنەتتى، ھايۋاناتلارغا قارايدىغان ئادەمگە ئوخشىمايتى. مەن ئۇنىڭ توپا-چاڭغا مىلەنگەن قارا رەڭلىك كىيىمىگە، يول ئازابى تارتقان چۈشكۈن چىرايىغا ۋە تۆمۈر جاھازىلىق كۆزەينىكىگە قارىۋېتىپ:

-قانداق ھايۋانلارغا قارايتتىڭىز؟-دەپ سورىدىم.

-ھەرخىل ئۆي ھايۋانلىرىغا،-دېدى ئۇ بېشىنى چايقاپ،-ئۇلاردىن ئايرىلمىسام ھەرگىز بولمايتى.

مەن كۆۋرۈككە، ئافرىقا تۇپرىقىغا ئوخشايدىغان ئېبرو دەريا دېلتىسىغا قاراپ، يەنە قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن دۈشمەن ئارمىيىسىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدىم. جىمجىت ھالدا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدىكى قۇچاقلاشما جەڭنىڭ شاۋقۇن-سۈرىنىنى كۈتتۈم. ھالبۇكى، بوۋاي تېخىچە شۇ يەردە ئولتۇراتتى.

-قانداق ھايۋانلار ئىدى؟-سورىدىم مەن.

-جەمئىي ئۈچ تۇياق ئىدى،-دېدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ،-ئىككىسى ئۆچكە، بىرى مۈشۈك ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆت جۈپ كەپتەرمۇ بار ئىدى.

-ئۇلاردىن چوقۇم ئايرىلىشىڭىز كېرەكمىتى؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.

-شۇنداق. توپ زەمبىرەكلەر سەۋەپلىك. ئەترەت باشلىقى توپ زەمرەك سەۋەبلىك مېنىڭ كېتىشىمنى ئېيتتى.

-سىزنىڭ ئۆيىڭىز يوقمۇ؟-كۆۋرۈكنىڭ يىراق يېرىگە قارىغاچ ئۇنىڭدىن شۇنداق سورىدىم. ئەڭ ئاخىرقى نەچچە ھارۋا دەريا ساھىلدىكى تۆپىلىكتىن بۇ تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتتى.

-يوق،-دېدى ئۇ،-بايا دېگەن ئاشۇ ھايۋاناتلىرىملا بار. مۈشۈككىغۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ. مۈشۈك دېگەن ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ، بىراق مەن باشقا ھايۋانلارنىڭ قانداق كۈنگە قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.

-سىز بىرەر پارتىيىگە تەۋەمۇ؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.

-مېنىڭ پارتىيەرىم يوق،-دېدى ئۇ،-يەتمىش ئالتە ياشقا كىرىپتىمەن. مۇشۇ يېشىمغىچە ئون ئىككى كىلومېتىر يول ماڭدىم. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭدىنممۇ يىراققا ماڭغۇچىلىكىم قالمىدى.

-بۇ ئارام ئېلىشقا ماس كېلىدىغان جاي ئەمەس،-دېدىم مەن،-ئەگەر ماڭالىسىڭىز، تاۋدۇشادىكى ئاچا يولغا بېرىڭ. ئۇ يەردە يۈك ماشىنىسى بار.

-بىردەم تۇرىۋالاي،-دېدى ئۇ،-بىر ئازدىن كېيىن ئاندىن ماڭىمەن. ئۇ يۈك ماشىنىلىرى قەيەرگە بارىدۇ؟

-بارىسلوناغا،-دېدىم مەن.

-ئۇ يەردە تونۇش-بىلىشلىرىم يوق. لېكىن سىزگە كۆپ رەھمەت. يەنە بىر قېتىم رەھمەت.

ئۇ ھەيرانلىق ئىلىكىدە ھارغىنلىق بىلەن ماڭا قارىدى. دەردىنى تۆكۈش ئارقىلىق غېمىنى پەسەيتىش ئۈچۈن مۇنداق دېدى:

-مۈشۈككە ھېچ ئىش بولمايدۇ، مەن جەزم قىلالايمەن. مۈشۈكتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق باشقىلىرى، سىز ھازىر ئۇلارنى قانداق بولىدۇ دەپ ئويلاۋاتىسىز؟

-ھە، بەلكىم ئۇلار خاتىرجەم كۈن كەچۈرۈشى مۇمكىن.

-مۇشۇنداق ئويلىدىڭىزمۇ؟

-شۇنداق،-دېدىم مەن يىراقتىكى دەريا جىلغىسىغا نەزەر سالغاچ. ئەمدىلىكتە ئۇ ياقتا بىرمۇ ھارۋا كۆرۈنمەيتى.

-بىراق، توپ-زەمبىرەكلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟ مەن توپ-زەمبىرەكلەر سەۋەبلىك كېتىشكە بۇيرۇلغان.

-كەپتەرخانىنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلىمىدىڭىزمۇ؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.

-ھەئە.

-ئۇنداقتا ئۇلار ئۇچۇپ چىقىپ كېتىدۇ.

-شۇنداق. ئۇلار چوقۇم ئۇچۇپ چىكىتىدۇ. بىراق باشقىلىرىچۇ، ئەڭ ياخشىسى باشقىلىرىنى ئويلىمىغان تۈزۈك.

-ئارام ئېلىپ بولغان بولسىڭىز مەن ئەمدى ماڭاي،-دېدىم ئۇنى ئالدىرىتىپ،-ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ مېڭپ بېقىڭ.

-رەھمەت سىزگە،-ئۇ شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭ جىسمى ئۇياق-بۇياققا سەنتۈرۈلدى. ئارقىدىنلا توپىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋالدى.

-مەن مال-چارۋىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتىم،-دېدى ئۇ ماڭا قارىماستىن روھسىز ھالدا،-مەن پەقەت مال-چارۋىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتىم.

ئۇنىڭغا نىسبەتەن قىلىدىغانغا ھېچ ئىش قالمىغان ئىدى. بۇ تىرىلىش بايرىمىنىڭ يەكشەنبەكۈنى بولسىمۇ، فاشىستلار ئېبروغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. بۇ ھاۋا بەكلا تۇتۇق بىر كۈن ئىدى. بۇلۇت قاتلىمى تۆۋەنگە ئولتۇرۇشقانلىقتىن، فاشىستلارنىڭ ئايروپىلانلىرى ئۇچالمىدى. بۇ ھال ۋە مۈشۈكنىڭ ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغانلىقى بوۋاينىڭ تەلەيلىكلىكىدىن بولغان ئىدى.

«نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ مىكرو ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

بۇ ھېكايە «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2014- يىللىق 2- ساندا ئېلان قىلىنغان

]]>
?feed=rss2&p=12000 0
ھېمىڭۋاي: ئىندىئانلار لاگېرى ?p=11786 ?p=11786#respond Thu, 19 Sep 2013 05:43:11 +0000 ?p=11786 ئىندىئانلار لاگېرى

ئېرنېسېت ھېمىڭۋاي (ئامېرىكا)

ئوسمانجان مۇھەممەد تەرجىمىسى

بىر كېمە كۆل بويىغا توختىتىلىپ قويۇلغانىدى، ئىككى ئىندىئان ئۇ يەردە كېمىگە چۈشىدىغان ئادەملەرنى ساقلاپ تۇرۇۋاتاتتى. نىك ئاتىسى بىلەن كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىگە چىقتى، ئىككى ئىندىئان كېمىنى سۇغا ئىتتىردى، ئۇلارنىڭ بىرى كېمىگە سەكرەپ چىقىپ كېمىنى سۇغا ئىتتىردى، ئۇلارنىڭ بىرى كېمىگە سەكرەپ چىقىپ كېمىنى ھەيدەشكە باشلىدى. جورجى تاغا ئارقىدىكى كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىگە چىقتى، يەنە بىر ياش ئىندىئان كېمىنى سۇغا ئىتتىرگەندىن كېيىن كېمىگە سەكرەپ چىقىپ پالاق ئۇرۇشقا باشلىدى.

ئىككى كېمە قاراڭغۇدا كېتىۋاتاتتى. نىك قويۇق تۇماندا يەنە بىر كېمىنىڭ پالاق ئۇرغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئاۋاز ئالدى تەرەپتىكى يىراق يەردىن كېلىۋاتاتتى. ئىككى ئىندىئان ئالدىراش پالاق ئۇراتتى. نىك كېمىدە ياتتى، ئاتىسى ئۇنى بىلىكى بىلەن قۇچاقلىۋالدى. كۆل يۈزى تولىمۇ سوغۇق ئىدى، ئۇلارنىڭ كېمىسىدىكى ئىندىئان كېمىنى ناھايىتى كۈچەپ ھەيدەۋاتاتتتى. لېكىن يەنە بىر كېمە تۇمابن ئىچىدە ئىزچىل ئالدىدا كېتىۋاتاتتى، يەنە كېلىپ بارغانسېرى ئۇزاپ كېتىۋاتاتتى.

− بىز نەگە بارىمىز، دادا؟ دەپ سورىدى نىك.

− ئىندىئانلار لاگېرىغا بارىمىز. ئۇ يەردە بىر ئىندىئان ئايال ئېغىر كېسەل بولۇپ قاپتۇ.

− ھە!

ئۇلار دەريا ئەگمىسىنىڭ قارشى قىرغىقىغا كەلگەندە يەنە بىر كېمىنىڭ دەريا ساھىلىغا كېلىپ بولغانلىقىنى بايقىدى. جورجى تاغا قاراڭغۇدا سىگارت چېكىۋاتاتتى. ھېلىقى ياش ئىندىئان كېمىنى ساھىلغا تارتىپ چىقاردى. جورجى تاغا سىگارتنى ئىككى ئىندىئانغا بۆلۈپ بەردى. ياش ئىندىئان پانۇس كۆتۈرگىنىچە ئۇلارنى باشلاپ ساھىلدىن ئۈستىگە قاراپ مېڭىپ شەبنەمدە ھۆل بولۇپ كەتكەن ئوتلاقنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئورمانلىققا كىرىپ بىر چىغىر يولنى بويلاپ ماڭدى. بۇ چىغىر يول ياغاچ كېسىغان بىر چوڭ يولغا تۇتىشاتتى. بۇ چوڭ يول ئۇدۇل توقايلىق تەرەپكە بېرىپ قايرىلاتتى. ئىككى تەرەپتىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى كېسىۋېتىلگەچكە چوڭ يول خېلى يورۇق كۆرۈنەتتى. بۇ چاغدا ھېلىقى ياش ئىندىئان مېڭىشىدىن توختاپ پانۇسنى ئۆچۈردى، ھەممەيلەن چوڭ يولنى بويلاپ مېڭىپ كەتتى.

ئۇلار بىر ئەگمىدىن ئۆتۈشىگە، بىر ئىت قاۋىغىنىچە يۈگۈرۈپ چىقتى. ئالدى تەرەپتىكى قوۋزاق سويىدىغان ئىندىئاننىڭ لاپىسىدىن چىراغ نۇرى چېچىلىپ تۇراتتى. يەنە بىر نەچچە ئىت ئۇلارغا ئېتىلىپ كەلدى. ئىككى ئىندىئان ئۇ ئىتلارنى لاپاسقا قوغلىۋەتتى. چوڭ يولغا ئەڭ يېقىن لاپاسنىڭ دېرىزىسىدىن چىراغ نۇرى چېچىلاتتى. ياشانغان بىر ئايال پانۇس كۆتۈرگىنىچە ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى.

ئۆيدىكى ياغاچ كارىۋاتتا ياش بىر ئىندىئان ئايال ياتاتتى. ئۇ دەل تۇغۇت ئۈستىدە ئىدى. ئىككى كۈننىڭياقى بالا تۇغۇلمايۋاتاتتى. لاگېردىكى ياشانغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئايالغا ياردەملەشتى. جىمى ئەرلەر يولغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى، ئايالنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدىغان يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، سىگارت چېكىشتى. نىك بىلەن ئىككى ئىندىئان نىكنىڭ دادىسى بىلەن جورجى تاغىغا ئەگىشىپ لاپاسقا كىرگەندە، ئايال تولغاق ئازابىدىن قاتتىق ۋارقىراۋاتاتتى. ئايال ئىككى قەۋەت كارىۋاتىڭ ئاستى قەۋىتىدە يوتقانغا يۆگەنگىنىچە ياتاتتى، قارىماققا بەستلىك كۆرۈنەتتى. ئۇ بېشىنى بىر تەرەپكە قىلىۋالغانىدى. كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە ئۇنىڭ ئېرى ياتاتتى. ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئۇنىڭ پۇتىنى پالتا كېسىۋېتىپ ئېغىر يارىلانغانىدى. ئۇ سىگارت چېكىۋاتقاچقا ئۆي ئىچى دۈتكە تولۇپ كەتكەنىدى.

نىكنىڭ دادىسى بىرەيلەننى ئوچاقتا سۇ ئىسسىتىشقا بۇيرۇدى. سۇ ئىسسىۋاتقاندا ئۇ نىكقا:

− بۇ خانىم تۇغماقچى، نىك، دېدى.

− بىلىمەن،-دېدى نىك.

− سەن بىلمەيسەن،-دېدى دادىسى، گېپىمگە قۇلاق سال، ئۇنىڭ ھازىر بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان جەريانى يەڭگىش دەپ ئاتىلىدۇ. بالا تۇغۇلماقچى، ئۇمۇ بالىنى تۇغسام دەيدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى مۇسكۇللىرى بالىنى تۇغۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بايا قاتتىق ۋارقىرىشىدىكى سەۋەب مۇشۇ.

− بىلدىم،-دېدى نىك.

دەل شۇ ئەسنادا ئۇ ئايال يەنە ۋارقىراپ كەتتى.

− ھەي دادا، سەن ئۇنىڭغا ئازراق دورا بەرسەڭ بولامدۇ؟-دەپ سورىدى نىك،-شۇنداق قىلساڭ ۋارقىراپ كەتمەستى.

− بولمايدۇ، مەن ناركوز دورىسى ئەكەلمىدىم،-دېدى.
    دادىسى،-كېرەك يوق، ئۇ ۋارقىرىسا ۋارقىراۋەرسۇن، مەن ئاڭلىيالمايمەن، چۈنكى ئۇنىڭ ۋارقىراش-ۋاقىرىماسلىقى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز. 

ئايالنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئېرى يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ يېتىۋالغان ئىدى.

ئاشخانىدىكى ئايال دوختۇرغا سۇ ئىسسىدى، دەپ قول ئىشارىسى قىلدى. نىكنىڭ دادىسى ئاشخانىغا كىرىپ، چوڭ چۆگۈندىكى سۇنىڭ يېرىمىنى داسقا قويدى، ئاندىن قولياغلىقنى    يېشىپ ئىچىدىن بىر نەچچە تال نەرسىنى ئېلىپ چۆگۈندىكى سۇغا سالدى.

− بۇلارنى قاينىتايلى،-دېدى ئۇ، ئاندىن لاگېردىن ئېلىپ كەلگەن بىر پارچە سوپۇن بىلەن داستىكى ئىسسىق سۇدا قولىنى يۇدى. نىك دادىسىنىڭ قوللىرىنى بىر-بىرىگە سۈركەپ، سوپۇنداپ يۇغانلىقىغا قاراپ تۇردى. دادىسى قولىنى تۈجۈپىلەپ يۇغاچ دېدى:

− قارا نىك، قائىدە بويىچە ئالدى بىلەن بالىنىڭ بېشى چىقىدۇ، ئەمما بەزىدە بۇنداق بولمايدۇ. ئەگەر بالىنىڭ بېشى ئاۋۋال چىقمىسا ئادەمگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىدۇ. مەن بۇ خانىمنى ئوپېراتسىيە قىلىشىم مۇمكىن. بىز بىر ئازدىن كېيىن بىلىمىز.

ئۇ دوختۇر قولىنى پاك-پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئايالنى تۇغدۇرۇش ئۈچۈن لاپاسقا كىردى.

− يوتقاننى قايرىۋەت، بولامدۇ جورجى،-دېدى ئۇ،-مەن ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا تەگمەي.

دوختۇر بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ئايالنى ئوپېراتسىيە قىلدى. جورجى تاغا بىلەن ئۈچ ئىندىئان ئەر ئۇ ئايالنى بېسىپ تۇرۇپ مىدىرلاتقۇزمىدى. ئايال جورجى تاغىنىڭ بىلىكىنى چىشلىۋالدى. جورجى تاغا: »ھۇ، ئۆلگۈر ئىندىئان قانجۇقى!« دېدى. جورجى تاغىغا كېمە ھەيدەپ بەرگەن ياش ئىندىئان ئۇنىڭغا كۈلۈپ قويدى. نىك دادىسىغا داسنى تۇتۇپ بەردى، ئوپېراتسىيە بەكمۇ ئۇزاققا سوزۇلدى. نىكنىڭ دادىسى ئاخىر بالىنى ئېلىپ پەپىلەپ قويۇۋىدى، بالا تىن ئېلىشقا باشلىدى. كېيىن ئۇ بالىنى ھېلىقى ياشانغان ئايالغا بەردى.

− قارا نىك، ئوغۇلكەن، دېدى ئۇ،-ھەي پراكتىكانت دوختۇر، قانداق تۇيغۇغا كەلدىڭ؟

− ھەر ھالدا بولىدۇ،-دېدى نىك. ئۇ دادىسىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراشقا جۈرئەت قىلالماي بېشىنى باشقا ياققا بۇرۇۋالدى.

− مۇشۇ يەردە، ئەمدى بولدى. ئۇ شۇنداق دېگەچ قانداقتۇر بىر نەرسىنى داسقا سالدى.

نىك ئۇنىڭغا قارىمىدى.

− ئەمدى،-دېدى دادىسى. ئوپېراتسىيە قىلىنغان يەرنى تىكىدىغان گەپ. كۆرسەڭمۇ، كۆرمىسەڭمۇ بولىدۇ، ئىختىيار ئۆزۈڭدە مەن كەسكەن يەرنى تىكىۋېتەي.

نىك قارىمىدى، ئۇنىڭ ھەيرانلىقى ئاللىقاياقلارغا يوقالغان ئىدى.

ئاتىسى يارا ئېغىزىنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇردى. جورجى تاغا بىلەن ئۈچ ئىندىئان ئەرمۇ ئورنىدىن تۇردى. نىك داسنى ئاشخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى.

جورجى تاغا بىلىكىگە قارىدى. ھېلىقى ياش ئىندىئان ئەر نېمىنى ئويلىدىكىن يەنە كۈلۈپ قويدى.

مەن ياراڭغا ئازراق ھىدروگىن پىروكسىد ئېرىتمىسى سۈرتۈپ قوياي، جورجى،-دېدى دوختۇر.

ئۇ ئىندىئان ئايال تەرەپكە ئېڭىشتى. ئايال ھازىر تىنچلىنىپ، كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋالغانىدى. ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى. ئايال بالىنىڭ قانداق بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى، ئۇنىڭ ھېچنېمىدىن خەۋىرى يوق ئىدى.

مەن سەھەردە قايتىمەن،-دېدى دوختۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، چۈشتە سېن ئىنگىسدىن سېسترا كېلىدۇ. ئۇ بىزگە لازىملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

شۇ تاپتا ئۇ تولىمۇ كۆرەڭ ئىدى، توختىماي سۆزلەيتتى، خۇددى بىر مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن پۇتبولچىلار كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە سۆزلەشكەندەك كۈچەپ سۆزلەيتتى.

− بۇ ئوپېراتسىيە ئەھۋالى تېببىي ژۇرنالغا بېسىلسا بولىدۇ جورجى، دېدى ئۇ،-بىر دانە ئەگرى پىچاق بىلەن بالا ئېلىش ئوپېراتسىيىسى قىلىندى، توققۇز ئىنگلىز چىسى ئۇزۇنلۇقىدىكى ئۇچلۇق ئۈچەي يىپ بىلەن يامالدى.

جورجى تاغا تامغا يۆلەنگىنىچە بىلىكىگە قاراپ تۇراتتى.

− ئوھوي، سەن راستتىنلا ئۇلۇغ ئادەمكەنسەن، ھەقىقەتەن قالتىسكەنسەن،-دېدى ئۇ.
− ئەمدى ئاۋۇ مەغرۇر دادىغا قاراڭلار، ئۇلار ھەمىشە مۇشۇنداق ئۇششاق ئىشلارنى دەپ بەك ئازابلىنىدۇ،-دېدى دوختۇر،-مېنىڭچە ئۇ بەك تەمكىن ئادەمكەن.

ئۇ ئىندىئان ئەرنىڭ بېشىغا يۆگىۋالغان ئەديالىنى قايرىۋەتتى ۋە دەرھال قولىنى تارتىۋالدى، ئەديال چۆپ سۈزمە بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ ئاستىنقى كارىۋاتنىڭ گىرۋىكىگە دەسسەپ تۇرۇپ… بىر قولىدا چىراغنى تۇتقىنىچە ئۈستۈنكى قەۋەتكە قارىدى. ھېلىقى ئىندىئان چىرايىنى تام تەرەپكە قىلىپ يېتىۋالغانىدى. ئۇنىڭ كىكىردىكىدىن قۇلىقىغىچە كېسىلىپ ئاغزى ئېچىلىپ قالغانىدى. ئىسسىق قان كارىۋاتنى بىر ئالغان، ئۇنىڭ بەدىنى قانغا مىلىنىپ كەتكەنىدى. ياستۇقى سول قولىدا تۇراتتى، ئاغزى ئوچۇق بىر ئۇسترا بىسى ئۈستىگە قارىغان ھالەتتە ئەديالدا تۇراتتى.

− نىكنى لاپاسنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كەت جورجى،-دېدى دوختۇر.

بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. نىك ئاشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇراتتى، دادىسى بىر قولىدا چىراغنى كۆتۈرۈپ، يەنە بىر قولىدا ئۇ ئىندىئاننىڭ بېشىنى بوش ئىتتىردى، شۇ چاغدا نىك ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئەھۋالنى ئېنىق كۆردى.

ئۇلار ياغاچ كېسىدىغان يەرگە بارىدىغان چوڭ يولنى بويلاپ كۆل تەرەپكە كېتىۋاتقاندا تاڭ ئەمدىلا يورىغانىدى.

− نىك، مەن پۇشايمان قىلىپ قالدىم، ئەسلىدە سېنى ئەكەلمىسەم بوپتىكەن،-دېدى دادىسى. ھازىر ئۇنىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى خۇشاللىقىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، مەن بۇلارنى ساڭا كۆرسەتمىسەم بوپتىكەن، چاتاق ئىش قىپتىمەن.

− ئاياللار تۇغىدىغان چاغدا مۇشۇنداق ئازابلىنامدۇ؟-سورىدى نىك.

− ياق، ئۇنداق ئەمەس، بۇ ئايرىم ئەھۋال.

− ئۇ نېمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندۇ، دادا؟

− مەن بىلمىدىم، نىك. مېنىڭچە ئۇ بەرداشلىق بېرەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن.

− نۇرغۇن ئەرلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالامدۇ، دادا؟

− ئۇنداقلار كۆپ ئەمەس، نىك.

− ئاياللارچۇ، ئۇلار كۆپمۇ؟

− ئىنتايىن ئاز.

− زادى بارمۇ-يوق؟

− ھە، بار، بەزى چاغلاردا بار.

− دادا؟

− ھە.

− جورجى تاغام نەگە كەتتى؟

− ئۇ قايتىپ كېلىدۇ، ھېچ ئىش يوق.

− ئۆلۈش تەسمۇ-ئاسانمۇ؟

− ياق. مېنىڭچە بەك ئاسانمىكىن نىك. بۇنىڭدا ئەھۋالغا قاراشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇلار كېمىگە ئولتۇردى، نىك كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ئىدى، دادىسى كېمىگە پالاق ئۇردى. قۇياش توقايلىقتىن كۆتۈرۈلدى. بىر باسس بېلىقى سۇدىن سەكرەپ چىقىۋېدى، سۇ يۈزىدە چەمبىرەك پەيدا بولدى. نىك قولىنى سوزۇپ سۇغا تىقتى، سۇ يۈزىدە دولقۇنسىمان سىزىق پەيدا بولدى. سەھەر خېلى سوغۇق بولسىمۇ، ئەمما كۆل سۈيى ھەر ھالدا ئىللىق ئىدى.

بۈگۈن ئەتىگەنكى كۆل يۈزىدە، نىك كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى، دادىسى كېمە ھەيدەۋاتاتتى. نىك كەسكىن ھالدا مەن مەڭگۈ ئۆلمەيمەن، دەپ جەزىملەشتۈردى.

(خەنزۇچە «دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ھېكايىكلەر» ناملىق كىتابتىن)

بۇ ھېكايە «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان

]]>
?feed=rss2&p=11786 0
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار يىلنامىسى ?p=11752 ?p=11752#comments Sun, 08 Sep 2013 05:19:39 +0000 ?p=11752

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار يىلنامىسى

تەييارلىغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

 

ئېرىشكەن يىل

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچى

دۆلەت تەۋەلىكى

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى

1901- يىل

سۇلى پرودوم (1839- 1907)، شائىر

فىرانسىيە

«كۆزلەر»

1902-يىل

تيودور مومسېن (1817- 1903)، تارىخشۇناس

گېرمانىيە

«رىم تارىخى»

1903- يىل

بيورنىشتىيىن بيورنسون (1832- 1910)، درامماتورگ، شائىر، يازغۇچى

نورۋىگىيە

«ئىنسان ئاجىز كېلىدۇ»

1904- يىل

فىرىدىرىخ مىستىرال (1830- 1914)، شائىر

فىرانسىيە

«مىرىيو»

1904- يىل

جوس ئېچاگاراي (1832- 1916)، درامماتورگ، شائىر

ئىسپانىيە

«ئەخمەقمۇ ئەۋلىيامۇ»

1905- يىل

ھېنىرىك سىنكىۋىچ (1846- 1916)، يازغۇچى

پولشا

«مەنزىلىڭ قايان»

1906- يىل

گيوسو كاردۇسى (1835- 1907)، شائىر، ئەدەبىيا- سەنئەت تەنقىدچىسى

ئىتالىيە

«ياۋايى»

1907- يىل

جوسېف رۇديارد كىپلىڭ (1865- 1936)، يازغۇچى، شائىر

ئەنگلىيە

«كىم»

1908- يىل

رۇدورف ئېۋكىن (1846- 1926)، پەيلاسوپ

گېرمانىيە

«ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى»

1909- يىل

سېلما لاگېرلوف (ئايال)، (1858- 1940)، يازغۇچى

شىۋېتسىيە

«نىلىسنىڭ غاز ئۈستى ساياھىتى»

1910- يىل

پائۇل ھەيزى (1830- 1914)، يازغۇچى

گېرمانىيە

«تىرىپلىق قىز»

1911- يىل

مورىس مىتىرىلنىك (1862- 1949)، دىرامماتورگ، شائىر، نەسىرچى

بېلگىيە

«كۆك قۇش»

1912- يىل

گېرخارت خوپىتمان (1862- 1946)، دىرامماتورگ، شائىر

گېرمانىيە

«توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى»

1913- يىل

رابىندرانات تاگور (1861- 1941)، شائىر، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى

ھىندىستان

«گىتەنجالى» (شائىر ئەركىن ئىبراھىم پەيدا تەرىپىدىن ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان)

1915- يىل

رومىن روللان (1866- 1944)، يازغۇچى، مۇزىكا تەقرىزچىسى

فىرانسىيە

«جون كىرىستوف»

1916- يىل

ۋېرنېر ۋون ھايدىنىستام (1859- 1940)، شائىر، يازغۇچى

شىۋېتسىيە

«كۈزدىكى پەيت»

1917- يىل

كارل گىجېللاروپ (1857- 1919)، يازغۇچى

دانىيە

«تۈگمەندىكى قانلىق دېلو»

 

ھېنىرىك پونتوپپىدان (1857- 1943)، شائىر

دانىيە

«شادىمان زېمىن»

1919- يىل

كارل سىپىتلېر (1845- 1924)، شائىر، يازغۇچى

شىۋېتسارىيە

«ئولىمپىيەنىڭ باھارى»

1920- يىل

كىنوت ھامسون (1859- 1952)، يازغۇچى، دىرامماتورگ، شائىر

نورۋىگىيە

«زېمىننىڭ يېتىلىشى»

1921- يىل

ئاناتولى فىرانىس (1844- 1924)، يازغۇچى، ئەدەبىيات ئوبزورچىسى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى

فىرانسىيە

«تېيىس»

1922- يىل

جاكىنتو بېناۋېنتې (1866- 1954)، يازغۇچى

فىرانسىيە

«پايدا- زىيان مۇناسىۋىتى»

1923- يىل

ۋىليام باتلېر يىتىز (1865- 1939)، شائىر، دىرامماتورگ

ئېرلاندىيە

«ۋىزانتىيەگە سەپەر»

1924- يىل

ۋىلادىسلاۋ رېيموت (1868- 1925)، يازغۇچى

پولشا

«دېھقانلار»

1925- يىل

جورجى بېرنارد شاۋ (1856- 1950)، دىرامماتورگ

ئېرلاندىيە

«مۇقەددەس قىز جېندى»

1926- يىل

گىرازىيا دېلېددا (ئايال) (1871- 1936)، يازغۇچى

ئىتالىيە

«ئانا»

1927- يىل

ھېنىرى بېرگسون (1859- 1941)، پەيلاسوپ

فىرانسىيە

ئىختىرانىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى

1928- يىل

سىگرىد ئاندېست (ئايال) (1882- 1949)، يازغۇچى

نورۋىگىيە

«گەدەنكەش قىز ئاندېست»

1929- يىل

توماس مان (1875- 1955)، يازغۇچى

گېرمانىيە

«باددېنبرۇك ئائىلىسى»

1930- يىل

سىنكلېيىر لېۋىس (1885- 1951)، يازغۇچى

ئامېرىكا

«چوڭ كوچا»

1931- يىل

ئېرىك ئەكسېل كارلفېدىت (1864- 1931)، شائىر

شىۋېتسىيە

«كۆزلىرىڭ ئاتەش»

1932- يىل

جون گالىسۋورسى (1867- 1933)، يازغۇچى، دىرامماتورگ

ئەنگلىيە

«زامانىۋى كومېدىيە»

1933- يىل

ئىۋان ئالىكسىيۋىچ بۇنىن (1870- 1953)، يازغۇچى

رۇسىيە

«سەھرا»

1934- يىل

لۇگى پىراندېللو (1867- 1936)، يازغۇچى، دىرامماتورگ

ئىتالىيە

«ئاپتورىنى ئىزدەۋاتقان ئالتە پېرسۇناژ»

1936- يىل

ئيۇگىن ئونېل (1888- 1953)، دىرامماتورگ

ئامېرىكا

«ئاننا كىرىستى»

1937- يىل

روگېر مارتىن دۇ گارد (1881- 1958)، يازغۇچى

فىرانسىيە

«تىبولت ئائىلىسى»

1938- يىل

پىيارل سايدېنىسچىرىكېر باك (ئايال)، (1892- 1973)، يازغۇچى

ئامېرىكا

«زېمىن»

1939- يىل

فىرانىس ئىمىل سىللانىپ (1888- 1964)، يازغۇچى

فىنلاندىيە

«كۆك نامرات»

1944- يىل

جوھاننېس جېنسېن (1873- 1950)، يازغۇچى، شائىر

دانىيە

«ئۇزۇن سەپەر»

1945- يىل

گابرېلا مىستىرال (ئايال)، (1889- 1957)، شائىر

چىلى

«يوقىلىش»

1946- يىل

ھېرمان ھېسسى (1877- 1962)، يازغۇچى

گېرمانىيە

«چۆل بۆرىسى»

1947- يىل

ئاندىرى گىدې (1869- 1951)، يازغۇچى، ئوبزورچى

فىرانسىيە

«ئەخلاق ئىسيانكارى»

1948- يىل

توماس سىتىرنىس ئېللىيوت (1888- 1965)، شائىر، دىرامماتورگ، تەنقىدچى

ئەنگلىيە

«خاراب زېمىن»

1949- يىل

ۋىليام فولكىنېر (1897- 1962)، يازغۇچى

ئامېرىكا

«شاۋقۇن ۋە غەزەب»

1950- يىل

بېرتىراند رۇسسېل (1872- 1970)، ماتېماتىك، پەيلاسوپ

ئەنگلىيە

«غەرب پەلسەپە تارىخى»

1951- يىل

پار فابىيان لاگېركىۋىست (1891- 1974)، شائىر، دىرامماتورگ، يازغۇچى

شىۋېستىيە

«دوزاخقا چۆككەن لىفىت»

1952- يىل

فىرانسوۋا مورىياك (1885- 1970)، يازغۇچى

فىرانسىيە

«ماخاۋ بىمارىنى سۆيۈش»

1953- يىل

ۋېنىستون چېرچىل (1874- 1965)، سىياسىيون، تارىخشۇناس، تەرجىمھال يازغۇچىسى

ئەنگلىيە

«ساۋرولا»

1954- يىل

ئېرنىست ھېمىڭۋاي (1899- 1961)، يازغۇچى

ئامېرىكا

«بوۋاي ۋە دېڭىز» (ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان)

1955- يىل

خالدور كىليان لاكسىنىس (1902- 1998)، يازغۇچى

ئىسلاندىيە

«بېلىقچىنىڭ قىزى»

1956- يىل

جۇئان رامون جىمېنىز (1881- 1958)، شائىر

ئىسپانىيە

«باھار سىمفونىيەسى»

1957- يىل

ئالبېرت كامۇس (1913- 1960)، يازغۇچى

فىرانسيە

«مۇناسىۋەتسىز ئادەم» (ئەدەبىي تەرجىمان مۇنارجان توختاخۇن ئاكا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان)

1958- يىل

بورس پاستىرناك (1890- 1960)، شائىر، يازغۇچى

سوۋېت ئىتتىپاقى

«دوختۇر ژىۋاگو» (داڭلىق شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان، پات ئارىدا نەشردىن چىقىدۇ)

1959- يىل

سالۋادور كۇاشىمودو (1901- 1968)، شائىر

ئىتالىيە

«يوقالغان نەي ئاۋازى»

1960- يىل

ساينىت جون پېرس (1887- 1975)، يازغۇچى

فىرانسىيە

«دېڭىزدىكى بەلگە»

1961- يىل

ئىۋو ئاندىرىك (1892- 1975)، يازغۇچى

يۇگۇسلاۋىيە

«دىرىنا دەرياسىدىكى كۆۋرۈك»

1962- يىل

جون سىتېيىنبېك (1902- 1968)، يازغۇچى

ئامېرىكا

«غەزەبلەنگەن ئۈزۈمزار»

1963- يىل

جورج سېفىرىس (1909- 1971)، شائىر

گىرېتسىيە

«تۇمۇچۇق»

1964- يىل

ژازن پائۇل سارتىرى (1905- 1980)، پەيلاسوپ، يازغۇچى

فىرانسىيە

«يىرگىنىش»

1965- يىل

مىخايىل شولوخوۋ (1905- 1984)، يازغۇچى

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى

«تىنىچ دون» (ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان)

1966- يىل

سامۇئېل يۈسۈپ ئاگنون (1888- 1970)، يازغۇچى

ئىسرائىلىيە

«تۈندىكى مېھمان»

1966- يىل

نېللىي ساكس (ئايال) (1891- 1970)، شائىر

شىۋېتسارىيە

«يىللى»

1967- يىل

مىگىل ئانگېل ئاستۇرىياس (1899- 1974)، شائىر، يازغۇچى

گىۋاتمالا

«پىرېزدېنت ئەپەندى» (ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، پات ئارىدا نەشردىن چىقىدۇ)

1968- يىل

كاۋاباتا ياسۇنارى (1899- 1972)، يازغۇچى

ياپۇنىيە

«قار دۆلىتى» (ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، پات ئارىدا نەشردىن چىقىدۇ)

1969- يىل

سامۇئېل بېككىت (1906- 1989)، يازغۇچى

فىرانسىيە

«گودوتنى كۈتۈش»

1970- يىل

ئالىكساندېر سولژېنىتسىن (1918- 2008)، يازغۇچى

رۇسىيە

«راك كېسەللىكلەر بىناسى»

1971- يىل

پابلو نېرۇدا (1904- 1973)، شائىر

چىلى

«شېئىرلار توپلىمى»

1972- يىل

ھېنىرىخ بول (1917- 1985)، يازغۇچى

گېرمانىيە

«لېئونى ۋە ئۇلار»

1973- يىل

پاترىك ۋايىت (1912- 1990)، يازغۇچى، دىرامماتورگ

ئاۋستىرىيە

«بوران- چاپقۇن»

1974- يىل(1)

ئېيۋىند جونسون (1900- 1976)، يازغۇچى

شىۋېتسىيە

«ئولوف ھەققىدە ھېكايە»

1974- يىل(2)

ھاررى ئىدموند مارتىنسون (1904- 1978)، شائىر

شىۋېتسىيە

«ئىختىرا كېچىسى»

1975- يىل

ئېۋگىنىيو مونتالې (1896- 1981)، شائىر

ئىتالىيە

«سىياھ بېلىقنىڭ سۆڭىكى»

1976- يىل

سائۇل بېللوۋ (1915- ؟)، يازغۇچى

ئامېرىكا

«ھېرزوگ»

1977- يىل

ئالېكساندىر مېرلو (1898- 1984)، شائىر

ئىسپانىيە

«ياق، يۇلتۇزلار»

1978- يىل

ئىساك باشۋىس سىڭگىر (1904- 1991)، يازغۇچى

ئامېرىكا

«ئەخمەق جىمپېل»

1979- يىل

ئودىسسيۇس ئېلىيتىس ب(1911- 1996)، شائىر

گىرېتسىيە

«قەھرىمانغا مەرسىيە»

1980- يىل

زىسلاۋ مىلوش (1911- 2004)، شائىر

پولشا

«تاساددىپىي ئۇچرىشىش»

1981- يىل

ئېلياس كاندېتتى (1905- ؟)، گېرمان تىللىق يازغۇچى

ئەنگلىيە

«ئىسەنكىرەش»

1982- يىل

گابرىيېل گارسىيا ماركۇز (1928- ؟)، يازغۇچى، مۇخبىر

كولومبىيە

«يۈز يىل غېرىبلىق» (غۇپۇر نۇرىدىن تۆلىمبېك تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان)

1983- يىل

ۋىليام گولدىڭ (1911- 1994)، يازغۇچى

ئەنگلىيە

«چىۋىن شاھى»

1984- يىل

ياروسلاۋ سېيفېرت (1901- 1986)، شائىر

چېخ

«دەرىزە تۈۋىدە»

1985- يىل

كلاۋۇد سىمون (1913-)، يازغۇچى

فىرانسىيە

«فلەندېر تاشيولى»

1986- يىل

ۋول سوينكا (1934-)، دىرامماتورگ، شائىر، يازغۇچى، ئوبزورچى

نىگىرىيە

«ئورمان ئۇسسۇلى»

1987- يىل

جوسېف برودىسكى (1940- 1996)، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىلىق شائىر

ئامېرىكا

«ھۆكۈم»

1988- يىل

نەجىپ مەھفۇز (1911-)، يازغۇچى

مىسىر

«ئۈچ كوچا تىرىلوگىيىسى» (ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان)

1989- يىل

كامىلو سېلا (1916- 2001)، يازغۇچى

ئىسپانىيە

«ھەسەلخانا»

1990- يىل

ئوكتاۋىيو پاز (1914- 1998)، شائىر

مېكسىكا

«چوڭ كوچا»

1991- يىل

نادىن گوردىمېر (ئايال) (1923-)، يازغۇچى

جەنۇبىي ئافرىقا

«تاساددىپىي ئۇچرىشىش»

1992- يىل

دېرېك ۋالكوت (1930-)، شائىر

سان لۇسىيا

«ئوتتۇرا ياز»

1993- يىل

تونى موررىسون (ئايال)(1913-)، يازغۇچى

 

ئامېرىكا

«جان قوزام» (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى پات ئارىدا نەشردىن چىقىدۇ)

1994- يىل

ئويى كىنزابۇرو (1935-)، يازغۇچى

ياپۇنىيە

«شەخسىي كەچۈرمىش»

1995- يىل

سىماس ھېيىنى (1939- 2013)، شائىر

ئېرلاندىيە

«قېزىش»

1996- يىل

ۋىسلاۋا سىمبورسىكا (ئايال)(1923-)، شائىر

پولشا

«ھىراكىلتۇس دەرياسىدا»

1997- يىل

دارىيو فو (1926-)، دىرامماتورگ

ئىتالىيە

«بىر ھۆكۈمەتسىزنىڭ تاساددىپىي ئۆلۈمى»

1998- يىل

جوس ساراماگو (1922-)، مۇخبىر، يازغۇچى

پورتۇگالىيە

«مۇناستېردىكى ئىشلار»

1999- يىل

گۇنتېر گىراس (1927-)، يازغۇچى

گېرمانىيە

«قاڭالتىر دۇمباق»

2000- يىل

گاۋ شىڭجيەن (1940-)، فىرانسىيە تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق، دىرامماتورگ، يازغۇچى

فىرانسىيە

«روھ تېغى»

2001- يىل

نايپاۋىل (1932-)، ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى ھىندىستانلىق يازغۇچى

ئەنگلىيە

«يېرىم ھايات»

2002- يىل

كېرتىرىز ئىمرى (1929-)، يازغۇچى

ۋىنگىرىيە

«شۇم تەقدىر»

2003- يىل

جون ماكسىۋېل كوتزې (1940-)، يازغۇچى

يازغۇچى

«نومۇس»

2004- يىل

ئېلفىرېد يېلنىك (ئايال) (1943-)، يازغۇچى

ئاۋستىرىيە

«پىيانىنو ئوقۇتقۇچىسى»

2005- يىل

خارولد پىنتېر (1930- 2008)، ئەنگلىيەلىك يەھۇدىي يازغۇچى، دىرامماتورگ، ئوبزورچىلىق ساھەسى ئۇنى بېرنارد شاۋدىن كېيىنكى ئەنگلىيەدىكى ئەڭ مۇھىم دىرامماتورگ دەپ باھالىغان

ئەنگلىيە

«ئۆيگە قارىغۇچى»

2006- يىل

ئورخان پامۇك (1952-)، يازغۇچى

تۈركىيە

«ئىستانبۇل»

2007- يىل

دورس لېسسىڭ (ئايال)(1919-)، يازغۇچى

ئەنگلىيە

«ئالتۇنرەڭ خاتىرە»

2008- يىل

لى كىلزىيو (1940-)، «يېڭى مەسەلچىلەر» ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى

فىرانسىيە

«ۋىرانىيە»

2009- يىل

ھېرتا مىللېر (ئايال) (1953-)، يازغۇچى، شائىر، نەسىرچى

گېرمانىيە

«تۈلكە شۇ چاغدا ئوۋچى ئىدى»، «مىڭ يىللىق نەپەس» (ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ، پات ئارىدا نەشردىن چىقىدۇ)

2010- يىل

مارىيو ۋارگاس لوسا (1936-)، يازغۇچى

پىرۇ

«شەھەر ۋە ئىت»

2011- يىل

توماس تىرانىستىرومېر (1931-)، شائىر

شىۋېتسىيە

«يولدىكى مەخپىيەت»

2012- يىل

مويەن (1955-)، جۇڭگونىڭ داڭلىق يازغۇچىسى

جۇڭگو

«قىزىل قوناقلىق جەمەتى»، «تولغان بەدەن»، «ھايات- ماماتلىق چارچاش»، «سەندەل جازاسى»، «مەي بەگلىكى» (ئۇيغرۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، مۇشۇ ئايدا نەشردىن چىقىدۇ)

 

]]>
?feed=rss2&p=11752 2
مويەننىڭ نۇتۇقى: گەپ قىلغىلى بولمايدىغان دەۋر ?p=11469 ?p=11469#respond Sat, 02 Feb 2013 17:10:23 +0000 ?p=11469 گەپ قىلغىلى بولمايدىغان دەۋر:

ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق

مويەن

ئىمىن ئەخمىدى تەرجىمىسى


«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق 1- 2- سانىدىن ئېلىندى

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۆمۈرنىڭ قىسقىلىقىنى ھەر قانداق ئادەم ھېس قىلالايدۇ. ئادەم 50 تىن ئاشقاندىن كېيىن ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەشكە ئامراق بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە مەنمۇ 80- يىللاردا ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان ئىككى يىلنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ ئىككى يىل مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ئىككى يىل ئىدى. ھەتتا بۇ ئىككى يىلنى مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت بۆلۈمدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى دېيىشكىمۇ بولاتتى.

گەرچە بىز شۇ چاغدا ئىنستىتۇتتىكى ئۆگىنىشنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلمىغان، شۇ چاغدىكى ئەدەبىيات ئىجادىيەت مۇھىتى ئۈستىدىن غۇتۇلداپ يۈرگەن، بەزىلەرنىڭ بۇ ۋاقىتنى ئەدەبىيات ئىجادىيىتىدىكى ئالتۇن دەۋر دېيىشلىرىدىن بىزار بولغان بولساقمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى تۈپەيلى ئويلاپ قاراپ، ئۇ ۋاقىتنىڭ ھەقىقەتەن ئالتۇن دەۋر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

بۈگۈن، ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى 80- يىللارنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدى. دەرۋەقە، ئۇ چاغلاردا ئەدەبىيات جەمئىيەتنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالغان، يازغۇچىلار قالتىس ئەتىۋارلىنىدىغان، ناتونۇش بىرسى بىر ھېكايە بىلەنلا داڭلىق شەخس بولۇپ كېتىدىغان ئىشلار بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغدىكى ئىنستىتۇت ئەدەبىيات فاكۇلتېتىمۇ ئېلىمىزدىكى ئەدەبىياتنىڭ قىزىق نۇقتىسى ئىدى. ئىنستىتۇت ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىش بىر كېچىدىلا ئەدەبىيات مۇنبىرىگە پۇر كېتەتتى.

شۇ چاغدا بىزنىڭ فاكۇلتېتتا ھەرقايسى ھەربىي رايونىنىڭ ئەسكىرىي تۈرلىرىدىن كەلگەن 35 نەپەر يازغۇچى جەم بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ياش پەرقى نىسبەتەن چوڭ ئىدى. لى سۈنباۋ قىرىققا يېقىنلاپ قالغان، ئەڭ ياش دېگەنلىرىمۇ يىگىرمە يەتتە- سەككىزلەردە ئىدى. ئوقۇش تارىخىنىڭ تەكشى بولمىغانلىقىغا قارىماي، ھەممەيلەن خېلى ئۇزاق ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىنى باشتىن كەچۈرگەن، خېلى كۆپلىرى مەملىكەت ئىچىدە زور تەسىر پەيدا قىلغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغانىدى. لى سۈنباۋنىڭ پوۋېستى «تاغ باغرىدىكى گۈل چەمبىرەك»، شۇڭ شوۋۇنىڭ ھېكايىسى «سالام ئانا»، چيەن گاڭنىڭ ئەدەبىي ئاخباراتى «ھاۋارەڭ ئارمىيە قوماندانى» مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.

مۇشۇنچىۋالا ئادەم ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. ئۇلار بىر – بىرىگە تۈرتكە بولاتتى، بىر – بىرىنى رىغبەتلەندۈرەتتى. مۇشۇلارغا كۆرە، دەرۋازىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بىنادا ئۈزۈكسىز رەۋىشتە ئەسەر ئىشلەپچىقىرىلاتتى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ژۇرنال تەھرىرلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى. ئۇلار كېلىپلا قالسا بىر نەرسىگە ئىگە بولاتتى، قۇرۇق قول قايتىپ كەتمەيتتى.

ئۇ چاغلاردا كۆڭۈلنى بىئارام قىلىدىغان باشقا ئىشمۇ يوق ئىدى. خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتىشمۇ ھاجەتسىز ئىدى. تور يوق ئىدى، ھەتتا نۇسخىلاش ماشىنىسىمۇ ئىنتايىن ئاز ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ چاغدا بىرەر پارچە ئەسەر يازساق، نۇسخىلاش ماشىنىسى تېپىپ نۇسخىلىۋېلىشمۇ تەسكە توختايتتى. شۇڭا كۆچۈرىدىغان چاغدا، ئۈچ – تۆت نۇسخىنى تەڭلا كۆچۈرۈشكە، مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ تۇرۇپ ئورگىنالنى ئېلىپ قېلىشقا توغرا كېلەتتى.

ئىنستىتۇتتا ئوقۇۋاتقان بۇ ئىككى يىل جەريانىدا، ئەدەبىيات ئىجادىيىتىدىكى كۆزقاراشنى ھەل قىلىۋېلىش بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش بولغانىدى.

1984 – يىلى گەرچە ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانغا بىرنەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەدەبىيات ساھەسىدە يەنىلا بىر مۇنچە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن قاتمال كۆز قاراشلار مەۋجۇت ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۆزقاراشلار نەچچە ئون يىل مابەينىدە شەكىللەنگەن بولغاچقا، ئۇنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ۋەيران قىلىش تازا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى. شۇ چاغدا كۆپچىلىك ئىدىيە ئازاد بولمىدى، ئەركىن – ئازادە مۇھىت يوق دەپ ئاغرىناتتى. كېيىنچە ئويلىسام، يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ زور چەكلىمىنىڭ ئەمەلىيەتتە سىرتتىن كەلمەيدىغانلىقى، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىمىزدىن كېلىدىغانلىقى، كاللىمىزدىكى ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەزەلى قاتمال كۆزقاراشلارنىڭ ئىدىيەمىزنى چەكلەپ قويىدىغانلىقى، پۇت – قولىمىزنى چۈشەپ قويىدىغانلىقى، ئىجادىيىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. ئىنستىتۇتتا ئالدى بىلەن ھەل قىلغان بىر چوڭ مەسىلە دەل ئەدەبىيات ئىجادىيىتى بىلەن سىياسىي تەشۋىقات ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىش بولغانىدى.

ئېلىمىزدە ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە ئەدەبىيات ئىجادىيىتى سىياسىيغا، ۋەزىيەتكە ماسلىشىش تەكىتلىنىپ كەلدى. ئەدەبىيات تەشۋىقات سايمىنىغا، مۇئەييەن بىر ۋاستىغا ئايلاندى. دۆلەتتە بىرەر چوڭ ھەرىكەت قوزغالغان ھامان، يازغۇچىلارنىڭ ئەسەر يېزىپ ماسلىشىشى لازىم بولدى. ھالبۇكى، يازغۇچىلار بىلەن شائىرلاردىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىدىغان مۇشۇنداق ئاڭ بار ئىدى.

مەن ئىنستىتۇتقا كېلىشتىن ئىلگىرى يازغان «قارا ساھىل» ناملىق ھېكايە ئىنستىتۇتقا كېلىپ بىرىنچى مەۋسۇمدا ئېلان قىلىندى. شۇ چاغدا «ئازادلىق ئارمىيە ئەدەبىيات – سەنئىتى» دىكى بىر تەھرىر قۇلىقىمغا پىچىرلاپ تۇرۇپ، دەرھال پارتىيەنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى باشلىنىدىغانلىقىنى، بۇ ھېكايىنىڭ پارتىيەنى تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا ياردەمچى دەرسلىك بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. مەنمۇ ئۇ چاغدا بۇنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلمىغانىدىم، ئەكسىچە خوشال بولغان، بۇ ھېكايىنىڭ پارتىيەنى تەرتىپكە سېلىشتا ياردەمچى دەرسلىك بولۇپ قېلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدىم.

ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۆزقاراشلىرىمدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى تۇيدۇم. بىز ھەممەيلەن مۇشۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان بولغاچقا، سىياسىي بىلەن ئەسرار بولۇشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايتتۇق. سەن سىياسىيغا كۆڭۈل بۆلمىگىنىڭ بىلەن، سىياسىي ساڭا كۆڭۈل بۆلەتتى. بولۇپمۇ ئەدەبىيات ئىجادىيىتى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئالغاندا، ئۇنىڭدىكى سىياسىيدا يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئۆزگىرىشلەرگە بولغان ھېسسىيات ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇشى كېرەك ئىدى. يازغۇچىنىڭ سىياسىيدىن ئايرىلىشى دەرۋەقە ئاقمايدىغان گەپ ئىدى.

ئەدەبىيات ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتقىچە سىياسىينىڭ گۇپپاڭچىسى، تەشۋىقاتنىڭ قورالى بولدى. ئۇ شۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزى ھېكايىلىرىمىزنىڭ ياكى شېئىرلىرىمىزنىڭ سىياسىينىڭ سىياسىيدا تۇرىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. مۇشۇ تۈپەيلى، بىز يازغان ھېكايىلار خېلى ۋاقىتقىچە سىياسىيدىن كىچىك بولۇپ كەلگەچكە، سىياسىينىڭ شاكىلىغا يۆگىلىپ كۈن ئۆتكۈزدى. ھالبۇكى، ھەقىقىي ئەدەبىيات، ياخشى ئەدەبىياتنىڭ سىياسىيدىن چوڭ بولۇشى، سىياسىينى بۆسۈپ چىقالايدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ سېپى ئۆزىدىن سىياسىي بولدى، لېكىن سىياسىيغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشاپمۇ كەتمىدى.

ئىنسان تەبىئىتى ئەمەلىيەتتە

سىنىپىيلىكتىن چوڭ

ئىنستىتۇتتىكى ئىككى يىللىق ئوقۇش جەريانىدا مەن قىلىۋاتقان يەنە بىر ئىش ئەدەبىيات بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى بولدى. بىز كىچىك چاغدا ماۋجۇشى يازغان «جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى سىنىپىي قاتلاملار ئۈستىدە تەھلىل» نى يادلىغان، ماۋجۇشى بۇ كىلاسسىك ھۆججەتتە جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كۈچىنى، ئىنقىلابنىڭ ئوبيېكتىنى، ئىنقىلابنىڭ دۈشمىنى ۋە ئىنقىلاپ ئىتتىپاقلىشىدىغان دوستلارنى ئىقتىسادىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلغانىدى، بۇ ماقالە خېلى ئۇزاققىچە جۇڭگونىڭ ئىنقىلابىي قۇرۇلۇشىغا، شۇنداقلا يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولغانىدى. «ئون يەتتە يىللىق» ھېكايىچىلىقىمىزدىن يازغۇچىلارنىڭ شىرەسى ئۈستىگە ماۋجۇشىنىڭ مۇشۇ ماقالىسى تىزىقلىق تۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ ماۋجۇشىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈپ تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ھەر خىل پېرسوناژلارنى تەپەككۇر قىلغانلىقىنى، ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى ياكى روشەن ھالدا ھېس قىلغىلى بولاتتى. خاۋرەن ئەپەندى يازغان «؟؟؟؟؟؟»، «؟؟؟؟؟؟» قاتارلىق ئىككى رومانىدا خاۋرەن ئەپەندىنىڭ پېرسوناژلىرى بىرسى قالماي دېگۈدەك ماۋجۇشى تەھلىل يۈرگۈزگەن ھەرقايسى سىنىپ قاتلاملار بويىچە تەپەككۇر قىلىنغانىدى، مۇنداق پېرسوناژلارنى تۇرمۇشتا پۈتۈنلەي مەۋجۇد ئەمەس دېگىلىمۇ بولمايتتى. لېكىن كۆز قاراش ئالدىدا ماڭغان بولغاچقا، ئۇلار جانلىق، ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە، تىرىك پېرسوناژلاردىن ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە مۇئەييەن كۆزقاراش بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆلۈك پېرسوناژلاردىن بولۇپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچى يوق ئىدى، شۇڭا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايتتى. ماۋجۇشى: «سىنىپىي جەمئىيەتتە ھەربىر ئادەم مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئورۇندا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، سىنىپىي تامغا بېسىلمىغان ھېچقانداق ئىدىيە بولمايدۇ» دېگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمى مۇئەييەن دەرىجىنى ئېلىپ سۆزلىگەندە راستلا ھەقىقەت ئىدى. لېكىن ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزگە مۇشۇنداق بىر ئىدىيە ئارقىلىق چورتلا ھۆكۈم قىلىنسا ياكى يېتەكچىلىك قىلىنسا، ئەلۋەتتە ھەددىدىن زىيادە چاكىنىلىق بولاتتى. چۈنكى ئادەمنىڭ ئىدىيەسى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ رەڭگارەڭ قاتلامغا ئىگە ئىدى. ئادەملەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلىدىكى، ئوجشاش بولمىغان باسقۇچتىكى، ئوخشاش بولمىغان سىياسەت ئاستىدىكى ئىپادىسى ھەققىدە ئوڭايلا بىرنەرسە دېگىلى بولمايتتى. مۇشۇلارغا كۆرە، ئادەملەرنىڭ جىمىكى قىلمىشنى، جىمىكى ئىدىيەسىنى سىنىپىيلىك ئىچىگە يىغىنچاقلاش ئەلۋەتتە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ خاراكتېرى ئەمەلىيەتتە سىنىپىيلىكتىن چوڭ ئىدى. چۈنكى ئادەمنىڭ خاراكتېرى ھېچبولمىغاندا مۇنداق ئىككى قاتلامدىن يەنى ئۇنىڭ تەبىئىي تەۋەلىكىدىن ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تەۋەلىكىدىن تەركىب تاپاتتى. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تەۋەلىك قاتلىمىدا سىنىپىيلىك يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ دېيىشكە بولغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەبىئىي تەۋەلىكى جەھەتتە، سىنىپىيلىكنىڭ ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىنى چەتكە قاققىلى بولمايتتى.

ئادەمگە نىسبەتەن ئالغاندا، ئۇنىڭ قايسى سىنىپتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ تەبىئىي تەۋەلىكىدە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بولاتتى ئىلگىرى «سىنىپىي جەمئىيەتتە سەۋەبسىز نەپرەت بولمايدۇ، سەۋەبسىز مۇھەببەتمۇ بولمايدۇ» دەيدىغان مەشھۇر بىر جۈملە سۆز بار ئىدى. ئادەتتىكىچە سۆزلىگەندە، ھەممەيلەن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تىكى جياۋ دا دېگەن كىشى لىن دەييۈنى ياخشى كۆرەلمەيدۇ − دەيدىغان. ئاڭلىماققا بۇنىڭغا ئۇنداق ئەمەس دەپ رەدىيە بەرگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ئالغاندا بۇ گەپنىڭ توغرا بولۇشىمۇ ناتايىن ئىدى. چۈنكى جياۋدانىڭ لىن دەييۈنى ياخشى كۆرمەسلىكىمۇ ناتايىن ئىدى. ئۇنىڭ لىن دەييۈنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. 1949- يىلى ئازادلىق ئارمىيەمىز شەھەرلەرگە كىرگەندىن كېيىن، ئائىلە كېلىپ چىقىش جياۋداغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىرمۇنچە ئادەملەر چىرايلىق قىزلارنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ جەھەتتىن ئالغاندا، ئىنساننىڭ تەبىئىيەتى، كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى سىنىپىيلىكتىن چوڭ، ئىنسان تەبىئىتى بىز دەۋاتقان سىنىپىيلىقتىن چوقۇم رەڭدار بولىدۇ.

مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى ئەدەبىياتىمىز ئاساسلىقى ئادەمنىڭ سىنىپىيلىكىنى ئىپادىلىدى. ئادەمنىڭ تەبىئىي تەۋەلىكىگە سەل قارىدى. ئەلۋەتتە، بۇ يازغۇچىلار ئۆزى خالاپ قىلغان ئىش ئەمەس. ناھايىتى كۆپ يازغۇچىلار ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا، غەرەزسىز ھالدا ئىنسانىيەتتىكى بەزى ئورتاقلىقنى يازدى. ئالايلۇق، ئۇلار مۇھەببەتنى، ھېسداشلىقنى، ئىچ ئاغرىتىشنى قىز – يىگىتلەردىكى تاتلىق تۇيغۇلارنى ئىپادىلىدى. ھالبۇكى، بۇ نەرسىلەر ئۆز ۋاقتىدا قاتتىق تەنقىد قىلىنىدىغان نەرسىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ يازغانلىرى مۇشۇنداق بولغان ياكى مۇشۇنداق نەرسىلەرگە چىتىشلىق بولۇپ قالغان ھامان، ئۇلارنىڭ بېشىغا بۇرژۇئازىيە ئىدىيەسى دېگەن قالپاقلار كىيگۈزۈلدى. بىرمۇنچە يازغۇچىنىڭ تالانتى مۇشۇ تەرىقىدە بېسىلىپ قالدى.

مۇشۇنداق ئىجادىيەت مۇددىئاسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى يېزىقچىلىق «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىكى «ئىنقىلابىي ئۈلگىلىك تىياتىرلار» دا تېخىمۇ ئەدەپ، يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بۇ يەردە ئولتۇرغان ياش ساۋاقداشلار بۇ نەرسىلەرنى كۆرمىگەن، لېكىن بىز ياش ۋاقتىمىزدا بۇ نەرسىلەرنى ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆرەتتۇق. مېنىڭ يېشىمدىكىلەرنى ئالساق، ھەممەيلەن دېگۈدەك ئۈلگىلىك تىياتىرلارنى ئېيتىشنى بىلەتتى، باشتىن – ئاياغ ئېيتالايدۇ دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيتتى. بۇ ئەسەرلەردىكى، جۈملىدىن شۇ چاغدا نەشر قىلىنغان يوقنىڭ ئورنىدىكى بىرنەچچە روماندىكى باش پېرسوناژلار كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ھەممىسى سالتاڭ ئىدى. ئەر – خوتۇن پېرسوناژلار ناھايىتى ئاز ئىدى. ئەرلەرنىڭ خوتۇنى بار – يوقلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. خوتۇنلارنىڭ ئالايلۇق ئاچىڭ ساۋنىڭ ئېرى بار دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئېرىنىڭ نەلەرگە كەتكەنلىكى نامەلۇم ئىدى. «لۇڭجياڭغا مەدھىيە» دىكى جياڭ شۇييىڭ ئوتتۇرا ياشلارغا بارغان چوكان تۇرۇقلۇق، ئۇمۇ سالتاڭ ئىدى، ئۇنىڭ ئېرىنىڭمۇ نەگە كەتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىدى. بۇ ئەسەرلەردىكى باش پېرسوناژلار بەجايىكى ھاۋايى – ھەۋەستىن مۇستەسنا ئىدى، بىر – بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى. ئۇلاردا ناز – كەرەشمە، مۇھەببەت دېگەنلەر تېخىمۇ يوق ئىدى. ئۇلاردا بار بولغىنى پەقەتلا يۈكسەك سىنىپىي ئاڭ، تەلۋىلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان كۈرەش روھىلا ئىدى. سەلبىي پېرسوناژلار تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى. ئۇلاردا ئادىمىيلىكتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى، ئۇلارنىڭ قەلبى مەينەت، روھى پاسكىنا بولۇپلا قالماي، چىرايىمۇ ئىنتايىن بەدبەشىر ئىدى. شۇ چاغدىكى كىنولارنى كۆرگەن ئىككى ياشلىق بالىلارمۇ بىرلا قاراپ كىمنىڭ بۇزۇق ئادەم، كىمنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. مېنىڭچە مۇنداق بىر تەرەپ قىلىش چاكىنىلىق ئىدى. كۆپ قاتلاملىق ئادەملەر ئاددىي يوسۇندىلا ياخشى ئادەم بۇزۇق ئادەم دەپ چاكىنىلاشتۇرىۋالاتتى.

1978- يىلىدىن كېيىن ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق ئوڭشىلىشقا يۈزلەندى. لېكىن كونا كۆز قاراشلار يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىگە بىلىنىدۈرمەي تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغاچقا، ئىجادىيەتتىكى ئېچىۋېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىنتايىن تەس ئىدى. مۇشۇ تۈپەيلى، ئوخشاش بولمىغان ئەسەردىن بىرەرسى جەمئىيەتكە چىققان ھامان تەنقىد دولقۇنلىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. بۇرژۇئاچە ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش، مەنىۋى بۇلغىنىشنى تازىلاش دەيدىغان ھەرىكەتلەر ئۈزۈكسىز قانات يايدۇرۇلۇپ تۇرغاچقا، يازغۇچىلارمۇ بۇ يىل ئەتىيازدىكى ماگنولىيە گۈلىدەك ئېچىلغۇسى كەلسىمۇ ئېچىلالمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇد ئىدى. تەبىئەت ئىللىپ قالدى، ئەمدى ئېچىلساق بولىدۇ دېگەن گۈللەر، تۇيۇقسىز كەلگەن جۇدۇندا ھەش – پەش دېگۈچىلا سولۇشۇپ قالاتتى بىرنەچچە قېتىم كۈچەپ باقاتتىيۇ، تۈگۈلگەن پېتى ئىنىگە كىرىپ كېتەتتى.

ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ چاغدا «ئاي – دالادىكى ئوت – چۆپ» دەيدىغان بىر ھېكايە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كەمبەغەل ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، پىرولېتارىيات لاگىرىغا تەئەللۇق بىر تۇل ئايالنىڭ گومىنداڭ ئارمىيەسىدىكى بىر يارىدار ئەسكەرنى تېپىۋېلىپ، گەمىدە قوغداپ قالغانلىقى يېزىلغانىدى. مۇنداق ئىش ئۇرۇش يىللىرى راستىنلا سادىر بولىدىغان ئىشلاردىن ئىدى. مۇنداق ئىش چوقۇم بار ئىدى. يازغۇچى ھېلىقى ھېكايىنى يېزىشتىن بۇرۇنمۇ مەن ئاڭلىغان ئىشلاردىن ئىدى. لېكىن، ھېكايە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تەنقىد ئەۋجىگە چىقتى، ھېكايە ناھايىتى كۆپ ئادەملەر تەرىپىدىن تەنقىد قىلىندى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بۇ ھېكايە سىنىپتىن ھالقىغان ئادەم تەبىئىتىنى، بۇرژۇئازىيەنىڭ ئادەم تەبىئىتىنى مەدھىيەلىگەنىدى. پىرولېتارىياتقا، گۇڭچەندەڭغا تەئەللۇق بىر تۇل ئايال گومىنداڭنىڭ يارىدار بولغان ئەسكىرىنى ئۆيىدە باقسا قانداق بولغىنى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە يازغۇچىمۇ بۇ ئىشنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغايدىغان قىلىپ يازغان، يېزىپ – يىزىپ، بۇ ئىككىيلەن ئىچپەش تارتىشىپ، بىر – بىرىگە ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغان. ناۋادا باشقا بىر ئىشمۇ يۈز بېرىپ قالسا، تېخىمۇ بىدئەتلىك بولمامدۇ! ناۋادا بالا تۇغۇلۇپ قالسا، بۇ بالىنىڭ خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟ پىرولېتارىياتنىڭ بالىسى دەيمىزمۇ ياكى بۇرژئازىيەنىڭ بالىسى دەيمىزمۇ؟ ياخشى بالا دەيمىزمۇ، يامان بالا دەيمىزمۇ؟ قانداشلىق دېگەن مۇرەككەپ مەسىلە، ئاسانلا بىر نېمە دېمەك تەس. بىزگە مەلۇم بولغىنى، بۇ ئەسەرمۇ ئوخشاشلا ھەددىدىن زىيادە چاكىنىلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ يەردىمۇ مۇددىئا ئالدىدا باشلاپ ماڭىدىغان ئىش يۈز بەرگەنىدى. لېكىن يازغۇچىنىڭ مۇشۇنداق يېزىشىنىڭ ئۆزى شەك – شۈبھىسىزكى بۇرۇنقى نوقۇل قاراشلار ۋە نوقۇل ئىنسان تەبىئىتىگە ئېلان قىلىنغان رىقابەت ئىدى. شۇنداقلا ئۇ بىزنى مۇشۇ جەرياندا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ رەڭدارلىقى ھەققىدە يېڭى تونۇشقا ئىگە قىلغان، ئەدەبىياتنىڭ ئىنساننىڭ سىنىپىي تەۋەلىكىگە ئەمەس، بەلكى تەبىئىي تەۋەلىكىگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقىنى تونۇتقان ئىدى.

يازغۇچىدا چەكلەنگەن رايوندىن بۆسۈپ چىقىش

ئارزۇسى بولۇش كېرەك

ئېسىمدە قېلىشىچە مەكتەپ بىر قېتىم بىزگە يېزىقچىلىق مەشقى ئىشلەشنى تاپىلىدى. مەن جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئارمىيە ئەدەبىيات ئىجادىيىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ باقتىم. ئىككى كۈن ئىلگىرى شۇ جايدا يازغىنىمنى ئېلىپ ۋاراقلاپ كۆرۈپ، بەزى خىياللىرىمنىڭ ھېلىمۇ كارغا كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

مەن شۇ چاغدا، ئۇرۇش ھەققىدە يازماقچى بولغانلار ئارمىيەدىكى يازغۇچىلاردىن بولغىنى ئۈچۈن، نېمىنىڭ ھەقىقىي ئۇرۇش، نېمىنىڭ ھەقىقىي بولمىغان ئۇرۇش ئىكەنلىكى ئۈستىدە چوقۇم توغرا ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك، قانداق قۇربان بولۇشنىڭ ئەرزىيدىغانلىقى، قانداق قۇربان بېرىشنىڭ ئەرزىمەيدىغانلىقى، قانداق قەھرىمانلىقنىڭ ھەقىقىي قەھرىمانلىق بولىدىغانلىقى، قانداق قەھرىمانلىقنىڭ بىھۇدە قۇربان بېرىش بولىدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىشىش لازىم دېگەنلەرنى تىلغا ئالغانىدىم. يازغۇچى بولغان ئادەم ئارمىيە ئەدبىياتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئۆزىنى ھەر مىنۇت – ھەر دەقىقە سەگەك تۇتۇشى، چاكىنا سىنىپىيلىك، چاكىنا ھەققانىيلىك ياكى غەيرىي ھەققانىيلىك پەردىسىگە چۈمكىلىپ قالماسلىقى، ئۆزى يازماقچى بولغان ئەسەرگە يېڭى ئىدىيە بېرەلىگەن بولۇشى، ئادەملەرنىڭ باشقا تەۋەلىكىگىمۇ بوشلۇق قالدۇرغان بولۇش لازىم ئىدى.

بىز ئىجابىي پېرسوناژلارنى ياراتقان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭمۇ ئادەم ئىكەنلىكىنى، قەھرىنىڭمۇ ئاجىز چاغلىرى بولىدىغانلىقىنى، ياخشى ئادەمنىڭمۇ رەزىل خىياللارغا كېلىپ قالىدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىدە ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىق سالاھىيىتىگە ياراشمايدىغان  ئىشنىمۇ قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئويلىشىمىز لازىم. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ياخشى ئادەم ھەرقانداق چاغدا ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدۇ. سەتلىكنى، رەزىللىكنى ھەققانىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك، گۈزەللىككە تايىنىپ كونترول قىلالايدۇ، ئاخىرغا بارغاندا ئادىمىيلىك ئارقىلىق ھايۋانىيلىقنى بېسىپ چۈشەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، بىز سەلبىي پېرسوناژلارنى يازغاندىمۇ، بۇزۇق ئادەملەرنىڭ تۇخۇمىدىنلا بۇزۇق بولمايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. جەڭ مەيدانىدا ياخشى ئادەم بىلەن ئەسكى ئادەمنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، لېكىن تارىخىي تەرەققىياتقا ئەگەشكەن ھالدا ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن كۈزىتىشكە توغرا كەلگەن، ياخشى ئادەم بىلەن ئەسكى ئادەمنىڭ چەك- چېگراسىنىڭ خىرەلىشىپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق. ئەگەر بىز كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى ئەمدى يازساق، 80- يىللاردىكىدەك زىيادە گەپلەرنى قىلمايمىز. 50- يىللادىكىدەك بەھۇزۇر يېزىۋېرىدىغان ئىشنى تېخىمۇ قىلالمايمىز. دەۋر ئالغا باستى. ئۆز ۋاقتىدا تاياق – توقماق كۆتۈرۈپ ئېلىشىدىغان دۈشمەنلەر ئەمدىلىكتە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئەپلىشىپ قالدى.

ئېسىمدە قېلىشىچە، 1998- يىلى تۇنجى قېتىم تەيۋەن زىيارىتىگە بارىدىغان چېغىمدا گوۋۇيۈەننىڭ تەيۋەن ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى رەھبەرلەر بىزگە دەرس سۆزلەپ، تەيۋەنگە بارغاندىن كېيىن گومىنداڭنىڭ پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ياكى گومىنداڭنىڭ بەلگىسى بار بىنالارنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەسلىكنى؛ گومىنداڭنىڭ تەيۋەندىكى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلارنىڭ مەنسەپ نامىنى قەتئىي ئېغىزدىن چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى، شەھەر باشلىقىنى شەھەر باشلىقى دەپ ئاتىماي − چۈنكى ئۇلار قورچاق شەھەر باشلىقى − ئەپەندىم دەپ چاقىرىش لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە بو مەسىلە تولىمۇ بىمەنە! كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭ يېڭىباشتىن ياخشى دوستلارغا ئايلاندى، بىللە ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشەلەيدىغان بولدى. ھەر ئىككى تەرەپ سۆھبەتتىكى رەقىبلەردىن بولۇپ قالدى. دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى پەيدا بولغاندىن كېيىن، يەنىلا گومىنداڭ ياخشى ئىكەن دەيدىغان بولۇپ قالدۇق. ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمىدىغۇ! ئەينى يىللاردا بىز گومىنداڭنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايمىساق بولدى قىلمايتتۇق، ئۇلارنىڭ پارتىيە بايرىقىنى «ئىتنىڭ چىشى» دەپ ئاتايتتۇق. چۈنكى بايراقتىكى گىربنىڭ چۆرىسىدىكى چىشلىك چاق ئىتنىڭ چىشىغا ئوخشايتتى. ئۇلارنى «جياڭ جيېشى باندىتلىرى» دەيتتۇق، ئۇلارمۇ بىزنى ئايىمايتتى، بىزنى «گۇڭچەنداڭ باندىتلىرى» دەيتتى. ئەمدىچۇ، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە بارغانسېرى بىر تۇغقان ئاكا – ئۇكىلاردەك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ!

تەيۋەندە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نۇرغۇن بۇرادەرلەر بىلەن ئەسرار بولۇشقا توغرا كەلدى. ئۇلارمۇ قىسىمدا ئەسكەر بولۇپ باققان بولغاچقا، ئۆزئارا ئارمىيە ناخىشىسىنى توۋلىغان بولدۇق. مەن بىزنىڭ ئازادلىق ئارمىيەمىزنىڭ ئارمىيە ناخشىسىنى ئېيتتىم، ئۇلار گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە ناخشىسىنى ئېيتتى. مىلودىيە بىلەن نۇرغۇن سۆزلەر ئوخشاش ئىدى. گۇڭچەنداڭ باندىتلىرى دېگەننى جياڭ جيېشىنىڭ باندىتلىرى دەپ، جياڭ جيېشى باندىتلىرى دېگەننى گۇڭچەنداڭ باندىتلىرى دەپ ئالماشتۇرسىمۇ بولۇۋېرىدىغان دەرىجىدە ئىدى. ئۇلارمۇ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ ئېيتاتتى. مىسرالاردا نەيزە، گىرانات ئاتالغۇلىرى، گۇڭچەنداڭ باندىتلىرىنى قەتئىي يوقىتايلى، گۇڭچەنداڭ باندىتلىرىنىڭ قېنىنى ئىچەيلى، ئۇلارنى قىيما- قىيما قىلىۋېتەيلى دەيدىغان سۆزلەر بار ئىدى. بىزمۇ بىر تاجاۋۇزچىنى بىر ئوق بىلەن جەھەننەمگە ئۇزۇتۇپ قويىدىغانلاردىن ئىدۇق. شۇڭا دەيمىزكى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ئۆتمۈشتىكى بىر تالاي جىددىي مەسىلىلەرنى كۈلكىلىك نەرسىگە ئايلاندۇرىۋەتكەنىدى.

80- يىللاردا بۇ مەسىلىگە ھازىرقىدەك يەڭگىلتەكلىك قىلىشقا بولمايتتى. ئۇ چاغلاردا تەيۋەن دېگەن گەپ تىلغا ئېلىنغان ھامان خۇددى دۈشمەنلەر بۇرنىمىزنىڭ ئاستىغىلا كېلىپ قالغاندەك بولاتتۇق. لېكىن، مېنىڭچە يازغۇچىلاردا چەكلەنگەن رايوندىن بۆسۈپ چىقىش ئارزۇسى بولۇشى كېرەك. يازغۇچىلار ئىدىيە جەھەتتە بۆسۈپ چىقىپ، ئازادلىققا ئېرىشكەندىلا، ئىجادىيەت جەھەتتىمۇ بۆسۈپ چىقىش خىيالىدا بولالايدۇ. بۇ يەردىكى بۆسۈپ چىقىش بىرىنچى بولۇپ چەكلەنگەن رايوندىن بۆسۈپ چىقىشنى كۆزدە تۇتىدۇ.

ئەدەبىيات ئىجادىيىتىدىكى چەكلەنگەن رايون مەسىلىسىمۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنىڭ بىرى. غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئىجادىيەتتە چەكلەنگەن رايون بولمايدۇ. چىڭراق ئېيتقاندا، يوقمۇ ئەمەس، لېكىن مۇنچە سەرەمجان بولۇپ كېتىدىغان مەسىلە قاتارىغا كىرمەيدۇ. لېكىن ئۇ بىزنىڭ بۇ يەردە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر ئىش. بۇ ئەھۋال مۇشۇ كۈنلەردە سەل – پەل ئۆزگەردى، لېكىن 20 يىللارنىڭ ئالدىدىكى گەپنى قىلساق، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن نازۇك مەسىلە ھېسابلىناتتى. بىز مۇئەييەن ئىجتىمائىي، تارىخىي مەسىلىلەرنى، ئەدىبلەر تەسۋىرلىسە بولىدىغان كۆپتىن – كۆپ خام ماتېرىيالنى تونۇپ يەتكەن تەقدىردىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلىلەر ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن ئېيتىشقان ھامان باشقىچە ئىنكاسنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى. شۇڭا يازغۇچىلار يېزىشقا تەمشىلىپ قولىغا قەلەم ئېلىپلا ئىككىلىنىپ قالاتتى. يېزىپ تاماملىغاندىن كېيىن نەشر قىلىش جەھەتتە بەزى قىيىنچىلىققا دۇچ كېلەتتى. مەيلى ژۇرنال بولسۇن، مەيلى نەشرىياتلار بولسۇن، مۇنداق ئىشتىن ئىنتايىن ئېھتىيات قىلاتتى. لېكىن، مىنىڭچە بولغاندا يازغۇچىلار بۇنداق بۆسۈشكە ياندۇرۇپ – ياندۇرۇپ، بىر – بىرلەپ تېگىش قىلسا، ئەڭ ئاخىرىدا ھەرقانداق چەكلەنگەن رايون چەكلەنگەن رايون بولۇشتىن قالغان بولاتتى.

شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، 70 – يىللاردىن 80 – يىللارغىچە بولغان ساق ئون نەچچە يىل، ئەمەلىيەتتە چەكلەنگەن رايونلارنى ئۆزۈكسىز بۆسۈپ ئۆتىدىغان يېزىقچىلىق جەريانى بولدى. يازغۇچىلاردا نېمە سەۋەبلەرگە كۆرە چەكلەنگەن رايونلارنى بۆسۈپ ئۆتەلەيدىغان ۋە چەكلەنگەن رياونلار ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان مۇشۇنداق باتۇرلۇق، مۇشۇنداق ھەۋەس بارلىققا كېلەلىدى؟ مەن بۇنى يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى قاراشلىرىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات بىلەن سىياسىي ۋە تەشۋىقات ئارىسىدىكى توغرا مۇناسىۋەتنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئىنسان تەبىئىتى بىلەن سىنىپىيلىق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەدرىجىي يوسۇندا تونۇپ يەتكەنلىكىدىن، ئىنسان تەبىئىتىدىكى رەڭدارلىق بىلەن سىنىپىيلىقنىڭ نىسپىي ئاددىيلىقنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن، يازغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ تارىخى ئەينەكلىكىنى ئەدەبىيات ئارقىلىق قايتا ئىپادىلەپ بېرىش ئەمەس، بەلكى ئىنسان تەبىئىتىنى ئەدەبىيات ئارقىلىق ئىپادىلەش، ئەستىن چىقمايدىغان تىپىك پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن دەپ قارايمەن. مېنىڭچە، مەن ئېستىتۇتتىكى ئىككى يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەت دەل مۇشۇ ئىككى نۇقتا. بۇ ئىككى نۇقتامنىڭ كېيىنكى يىگىرمە يىللىق ئىجادىيىتىمگە ئىزچىل رەۋىشتە ئۈزۈلدۈرمەي تەسىر كۆرسىتىپ تۇردى.

بەزى ھالدا ھېكايە ئىجادىيىتىدىكى كۆزىتىش

نۇقتىسىنىڭ ئۆزىلا قۇرۇلما بولىدۇ

تۆۋەندە شاگىرىت ئىنىلىرىم، شاگىرىت سىڭىللىرىم ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمغا ئىنستىتۇتتىن ئايرىلغان يىگىرمە يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيىتىمنىڭ ئاساسلىق تەرەپلىرىنى دوكلات قىلىمەن.

1986- يىلى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋاقتىمدا ئىنستىتۇت مېنى مەكتەپتە ئېلىپ قالماقچى بولدى. لېكىن كېيىنچە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىگە كېتىپ قالدىم.

مەن يازغان تۇنجى رومان «قىزىل قوناق جەمەتى»، «قىزىل قوناق»، «قوناق ھارىقى»، «ئىت يولى»، «قوناقنى دەپىن قىلىش»، «ئاجايىپ ئۆلۈم» قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ بەش پوۋېستىنى مەن تېخى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدىلا يازغان ھەمدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئېلان قىلغانىدىم. 1987- يىلىغا كەلگەندە ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ «قىزىل قوناق جەمەتى» نامىدىكى رومان قىلىپ چىقتىم. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ھېكايىنى بەش قېتىم سۆزلىگەندەك ئىش ئىدى. ئۇنىڭ بىرىنچىسىدە كۆۋرۈك بېشىدىكى پىستىرما جەڭ بايان قىلىنغان بولۇپ، كېيىنكىلىرىدە ياپون ئارمىيەسى بىلەن بولغان جەڭ ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن تەكرار ھالدا سۆزلەنگەنىدى خالاس. لېكىن، ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نىسبەتەن زور ئىنكاس پەيدا بولدى. بولۇپمۇ مۇشۇ ئاساستا ئىشلەنگەن كىنو فىلىمى بېرلىن كىنو بايرىمىدا مۇكاپاتلانغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئىنكاس تېخىمۇ زور بولدى.

ئەمدىلىكتە «قىزىل قوناق جەمەتى» دېگەن بۇ روماندا تېخنىكا جەھەتتە ھەقىقەتەن بىر مۇنچە مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. شۇنداقتىمۇ بۇ مەسىلىلەرنى ئاددىيلا قىلىپ ناچار تەرەپلەر دېيىشكە بولمايدىغاندەكمۇ قىلىدۇ. ئالايلۇق، تىل جەھەتتە دادىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سىناقلاردا نىسبەتەن ئۆلچەملىك تىلغا قارىتا رىقابەت ئېلان قىلىپ باققان ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان يەرلىرىم بار. گىرامماتىكا يېقىدىن ئالغاندا مۇنداق قىلىش چوقۇم توغرا ئەمەس. لېكىن ئەدەبىيات يېقىدىن ئۇنىڭدا مەلۇم مەنە بولۇشى مۇمكىن ئىدى. يەنە ئالايلۇق، روماندا ئاپتورنىڭ ھەدىسىلا ئوتتۇرىغا چىقىۋېلىپ ۋەزخانلىق قىلغان يەرلىرى بار. راستىنى ئېيتقاندا بۇ رومان ئىجادىيىتىدە ھەزەر ئەيلەشكە تېگىشلىك ئىش. لېكىن، ئەگەر ئاپتور راستىنلا ئۆزىنى بېسىۋالالماي، ئوتتۇرىغا چىقىپ گەپ قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلسە، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇلاھىزىسى نىسبەتەن قاملاشقان بولسا، بۇنىڭمۇ بولمايدىغان يېرى يوق.

يېغىپ ئېيتقاندا، بۇ رومان يەنىلا بىر ياش ئاپتور يازغان ئەسەر ئىدى. ناۋادا ئۇنى بۈگۈنكى كۈندە يازغان بولسام، تېخنىكىلىق جەھەتتە ئۇنى ئوبدانلا ۋايىغا يەتكۈزگەن بولاتتىم. بىراق، ئۇنداق قىلسام روماندىكى «يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ» دەيدىغان شىجائەتنى تاپقىلى بولمايدىغان ئەھۋال يۈز بېرەتتى.

ئىنستىتۇتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن يازغان تۇنجى رومانىم «جەننەتتىكى سامساق ناخشىسى» بولۇپ، ئۇنى 1987- يىلى يازدىم. شۇ چاغدا شەندۇڭدا پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالىدىغان بىر ۋەقە يۈز بەرگەنىدى. سامساق تېرىيدىغان مەلۇم بىر ناھىيەدە، شۇ چاغدىكى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكى ۋە بىيۇروكراتلىقى تۈپەيلى، دېھقانلار ئىشلەپچىقارغان نەچچە مىليون جىڭ سامساق قامچىسى سېتىلماي بېسىلىپ قېلىپ، سېسىپ كەتكەچكە، دېھقانلار ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنى قورشىۋېلىپ، ھاكىمنىڭ ئىشخانىسىغا ئوت قويىۋەتتى ۋە ناھايىتى زور كۆلەمدىكى «سامساق ۋەقەسى» بارلىققا كەلدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر تەرەپ قىلىش ئەلۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپكە تەڭ شاپىلاق ئۇرۇش بىلەن تۈگىدى. باشلامچىلىق بىلەن غەۋغا چىقارغان دېھقانلار قولغا ئېلىندى، بىيۇروكراتلىق خاتالىقىنى سادىر قىلغان ئەمەلدارلار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

مەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، «قىزىل قوناقلىق» نىڭ داۋامىنى يېزىشتىن توختىدىم. ئۇ چاغدا مەن «قىزىل قوناق» جەمەتىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۈزۈپ قويماي داۋاملىق يېزىش خىيالىدا ئىدىم. «قىزىل قوناق جەمەتى» دە بوۋاي بىلەن مومايدىن ئىبارەت بىر ئەۋلادنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلغانىدىم. داۋاملاشتۇرغان بولسام دادا بىلەن ئانىدىن ئىبارەت ئىككىنچى ئەۋلادنىڭ ھېكايىسىنى يازغان بولاتتىم. ئۇنىڭ ئۈچىنچى قىسمى ئەلۋەتتە مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇشۇ ئەۋلادنىڭ ئىشلىرىغا توغرا كېلەتتى. مېنىڭ شۇ چاغدىكى تەسەۋۋۇرۇم چوڭ ۋە نىيىتىم ناھايىتى يامان ئىدى. تىرلوگىيە يېزىش كويىدا ئىدىم. لېكىن، رېئال تۇرمۇشتا بىردىنلا سامساق ۋەقەسى كېلىپ چىققان بولغاچقا، ئەسلىدىكى پىلاننى بىر ياققا قويۇشقا، ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر يەرگە مۆكۈنۈپ ئولتۇرۇپ بۇ ئىشنى يېزىشقا توغرا كەلدى. ساق بىر ئاي ئىچىدە «جەننەتتىكى سامساق ۋەقەسى» نى پۈتتۈردۈم.

بۇ روماننى ئاچچىق ۋە غەزەپ بىلەن تولغان رومان دېيىشكە بولاتتى. ئارىدا مەن بۇ روماننىڭ ئىسمىنى «غەزەبلەنگەن سامساق» دەپ ئۆزگەرتىپمۇ باقتىم. مۇنداق قىلغاندا، كۆپچىلىكنىڭ ئېسىگە ستانېرگە يازغان «غەزەبلەنگەن ئۈزۈم» دېگەن رومان كەلگەن بولاتتى. غەزەبلىنىپ تۇرۇپ رومان يازغاندا گەپنىڭ راستىنى قاملاشقۇدەك يېزىپ چىقىش تەس. چۈنكى مىجەز چۇسلۇشۈپ كەتكەندە، ئاچچىق ئادەمنىڭ ئىچىنى ئۆرتىگەندە، شەيئىلەرنى ئادىل، ئوبيېكتىپ رەۋىشتە پەدەز قىلىشقا جەزمەن تەسىر يېتەتتى. ئەسكى ئادەم دەپ قارىغان ئەمەلدارلارنى قىلچە ئادىمىيلىكى يوق تەرەزدە يېزىپ سېلىپ، ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىدىكى مۇرەككەپلىككە سەل قارايدىغان ئىشلار كېلىپ چىقاتتى.

بۇ رومانغا ئەمدى قارىسام، ئۇمۇ ئاران – ئاران ئۆرە تۇرىدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ھېلىقى خام ماتېرىياللارنى تېخنىكىلىق جەھەتتە ئۆزگەرتىۋەتكەن يېرىم بار. ئۇ ئىش شەندۇڭنىڭ جەنۇبىدىكى لىنيى ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، يېزىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ئۇ يەرگە بېرىپ زىيارەتتە بولمىدۇم، تەكشۈرۈش ئېلىپمۇ بارمىدىم، ھەممە ئىش ماڭا ناتونۇش ئىدى. لېكىن مەن ئۇنى ئۆزۈمگە بەش قولدەك تونۇش بولغان ئۆز مەھەللەمگە يۆتكىدىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سادىر بولغان ۋەقەنى ئۆزۈم يىگىرمەنەچچە يىل ياشىغان يېزىغا كۆچۈرۈپ كەلدىم. روماندىكى كۆپتىن كۆپ پېرسوناژلارنىڭ پروتىپى جەمەتىمىزدىكى ئۇرۇق – تۇغقانلارنىڭ ئۆزىدىنلا بولدى. ئالايلۇق، روماندىكى يېزىلىق پارتكوم شۇجىسى ھەيدىگەن ماشىنىنىڭ تۆتىنچى تاغامنى سوقۇۋېتىپ، ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايە ئەمەلىيەتتە ئۆز تاغامنىڭ ئۈستىدە يۈز بەرگەن ئەمەلىي ھېكايىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يېزىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىلدە توپلىغان باشقا تەرەپتىكى خام ماتېرىياللاردىمۇ پايدىلاندىم. مەسىلەن، روماندىكى ھەر بابنىڭ بېشىدا بىر ئەما ئادەم تەرىپىدىن ئېيتىلىدىغان قوشاق بار ئىدى، بۇ ئەما ئادەمنىڭ ئىسمىنى جاڭ كوۋ دەپ ئالدىم. بالىلىق چېغىمدا بىزنىڭ مەھەللىدە راستىنلا بىر ئەما ئادەم ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى جاڭ كوۋ ئىدى. ئۇ يىلبويى دېگىدەك يېزا – بازارلارغا بېرىپ ناخشا ئېيتاتتى، ئۇنىڭ ئېيتىدىغانلىرى «قىزىل قىيا»، «چەكسىز ئورمان قارلىق دالا» قاتارلىق كلسسىك ئەسەرلەردىن ئىدى. يېرىم كېچە ئەلياتقۇ بولغاندا بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىپ ئۇخلاپ قالغاندىلا ئۇ بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى قوشاقلاردىمۇ توۋلاپ قوياتتى. مەن بۇ پېرسوناژنى رومانغا بىراقلا كىرگۈزدۈم. كېيىنكى كۈنلەردە، جاڭ كوۋنىڭ ئەۋلادلىرى ئاغىنىلىرىم ئارقىلىق مەندىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى، دادىمىزنى نېمىشكە رومانغا ئۆز پېتى يازىدۇ؟ دېگەن بولدى. مەنمۇ سىلەرنىڭ داداڭلارنى ئىجابىي شەخس تەرىقىسىدە يازدىم، ئۇنى خۇنۈكلەشتۈرمىدىم، دەپ جاۋاب بەردىم.

«جەننەتتىكى سامساق ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇلاپلا «ئون ئۈچ قەدەم» ناملىق يەنە بىر رومان يازدىم. بۇنىمۇ مەسىلە رومانى دېيىشكە بولاتتى. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، 1988- يىللىرىنىڭ ئالدى – كەينىدە باشلانغۇچ، تولۇقسىز مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ناھايىتى تۆۋەنلەپ كەتكەنىدى. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى بىرەلمەيدىغان ئەھۋال دائىم يۈز بېرىپ تۇراتتى. ئاكام بىلەن يەڭگەممۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئوبدان بىلەتتىم. مەكتەپكە بېرىپ قالغان چاغلىرىمدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قورساق كۆپۈكى سۆزلىرى قۇلۇقۇمغا كىرەتتى. يېزىلاردىكى بۇ ئوقۇتقۇچىلار قاتلىمى ئەمەلىيەتتە يېزىلاردىكى زىيالىيلار قاتلىمى ئىدى. ئۇلارنىڭ تىلى دېھقانلارغا قارىغاندا چىرايلىق ئىدى. ئۇلارنىڭ مەسىلىگە بولغان قاراشلىرىنىڭ ئۆتكۈرلىكى، ئۇلارنىڭ يازغانلىرىمۇ ئەلۋەتتە دېھقانلارغا قارىغاندا ياخشى ئىدى. مەن بۇنى ئۇلارنىڭ قورساق كۆپىكى گەپلىرىدىنمۇ تۇيغان يەردە ئىدىم. شۇڭا بىر رومان يېزىپ ئۇلارنىڭ دەردىگە ھەمدەم بولماقچى بولدۇم.

باش تېمىنى ئالدىنئالا بەلگىلىۋالىدىغان مۇنداق يېزىقچىلىقمۇ راستىنى ئېيتقاندا تەس ئىش. لېكىن، بۇ روماننىڭ ياخشى تەرىپى، مەن ئۇنىڭدا قاپ يۈرەكلىك بىلەن بەدىئىي سىناق قىلىپ باقتىم. ئۇنىڭدا مەن خەنزۇ تىلىدا بولىدىغان جىمىكى رەۋىشتىن پايدىلاندىم. مەن، سەن، ئۇ، بىز، سىلەر ئۇلار دېگەنلەرنى ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ قوللىنىپ باقتىم. رەۋىشلەردىكى تىنىمسىز ئۆزگىرىشنى كۆزىتىش نۇقتىسىغىمۇ ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. ئاخىرىدا مەن رومان ئىجاد تىپتىكى كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ بەزى ھاللاردا قۇرۇلما بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. كۈزىتىش نۇقتىسىنىڭ ئۆزۈكسىز ئۆزگىرىشى دەل مۇشۇ روماننىڭ قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈردى. ئەلبەتتە، بۇ رومانمۇ كۈچلۈك سىياسىي پۇراقتىن خالىي بولالمىدى، بىرۇنچە ئاتالمىش قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ۋە قەھرىمان شەخسلەرنىڭ ئۈچەي – باغرىنى يازىدىغان ئىشمۇ بولدى. بۈگۈنكى كۈندە قارىسام، بۇ روماندا تەسۋىرلەنگەن ئىشلارمۇ كونىراپ قاپتۇ. لېكىن، بەدىئىي جەھەتتىكى ئىزدىنىش شاگىرىت ئىنى – سىڭىللارنى تەنقىد ئوبيېكتى بىلەن تەمىنلىسە ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن.

كېيىنكى ئەمەلدارلىق سورۇنىنى يازىدىغان

رومانلار ئاددىيلىشىپ كەتتى

بۇ ئارىدا ئارىلاپ بەزى پوۋست. ھېكايىلارنىمۇ يېزىپ تۇردۇم. 1989- يىلى يەنە بىر رومانىم «مەي بەگلىكى» نى يېزىشقا تۇتۇلدۇم. بۇنىڭغا مۇنداق بىر ئىش سەۋەب بولدى. مەن گېزىت كۆرۈۋېتىپ «بىرچاغلاردا مەي ئىچىدىغانلارغا ھەمراھ بولغانىدىم» تېمىسىدىكى بىر ماقالىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭدىكى باش پېرسوناژ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئائىلە كېلىپ چىقىشى ياخشى بولمىغانلىقى تۈپەيلى شەرقىي شىمالدىكى بىر خاڭدا پەرزەنتلەر مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغانلىقىنى، ئوخشاشلا سەۋەب تۈپەيلى تويلىشىدىغان نە بىرەرسىنى تاپالماي، بەكمۇ ئىچى پۇشقانلىقىنى، ھاياتتىن كۆڭلى سوۋۇپ ئۆلۈۋېلىپلا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشماقچى بولغانلىقىنى، لېكىن ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىشنى خالىمىغانلىقى، دېھقانچىلىق دورىسى ئىچىۋېلىش خىيالىدىمۇ بولغانلىقىنى، شۇڭا جىقراق ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ئۆلۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى يازغانىدى. نەتىجىدە، ئۇ بىر قېتىمدىلا نەچچە جىڭ ھاراق ئىچىۋەتكەن بولسىمۇ، مەستلىكتە ئۆلۈپ قېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ قاپتۇ. شۇ چاغدىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ھاراقنى ئوبدانلا كۆتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ نامى ئەتراپقا پۇر كېتىپتۇ خاڭ پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇنى چاقىرىپ، ھاراق ئىچىدىغانلارغا ھەمراھ بولۇپ ئىچىشىپ بېرىدىغان مەخسۇس ۋەزىپىگە تەيىنلەپتۇ. ئۇ ھەر قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاندىن، قېرىنداش ئىدارىلاردىن ئادەم كەلگەندە، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچىشىپ بېرىدىكەن. ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بولغاچقا، ھاراققا ھەمراھ بولىدىغان چاغدا دەيدىغان بەزى گەپلەرنى توقۇش ئۇنىڭغا شۇنچىكى ئىش ئىكەن. ھاراقنى ئۆپكىسى چىلاشقىدەك ئىچەلەيدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە راۋان گەپ قىلالايدىغان بولغاچقا، بېرىپ – بېرىپ كىچىكرەك بىر ئەمەلگىمۇ ئىگە بوپتۇ. قېرىپ دەم ئېلىشقا چىقىپ، يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئۆمرىنى ئويلاپ ھېچقانچە ئىش قىلمىغانلىقىنى، بىر ئۆمۈر ھاراق ئىچكەنلىكىنى، ئۆمۈر بويى ھاراق ئىچىدىغانلارغا ھەمرا بولۇپلا ئۆتكەنلىكىنى ئويلاپ قاپتۇ.

شۇ چاغدا جەمئىيەتتە چىرىكلىككە قارشى ھەرىكەت باشلىنىپ قالغانىدى. شۇنداق قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بۇ روماننىڭ باش تېمىسى بولۇپ قالدى. لېكىن، مېنىڭ بۇر روماننى ئاددىي يوسۇندىكى ئەمەلدارلىق سورۇنىغا ئائىت رومان ياكى قارا پەردىنى يازىدىغان رومان قىلغۇم كەلمىدى، شۇ سەۋەب بىلەن يەنىلا يۈرۈكۈمنى قاپتەك قىلىپ بەزى ئىشلارنى تېخنىكىلىق جەھەتتە سىناپ باقتىم. باشتا «مەي بەگلىكى» نى رازۋېدكا ھېكايىسى قىلىش پىلانىنى تۈزدۈم. تەپتىش مەھكىمىسىدىكى بىر رازۋېدچىكنى كان رايونىدا يۈز بەرگەن «بوۋاقلارنى قورۇپ يېيىش» دېلوسىنى پاش قىلىشقا قاتناشتۇردۇم. ئۇ خاڭغا بارغاندىن كېيىن ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزىمۇ «بوۋاق يەيدىغان» زىياپەتكە قاتناشقان بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ راستلا «ئادەم يەيدىغان» زىياپەت ئەمەس ئىدى. رازۋېدچىك بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە بىرخىل قورۇمىنىڭ نامى ئىكەنلىكىنى، ئاتالمىش «بوۋاقلارنى قورۇپ يېيىش» نىڭ كاۋىنى ئادەمنىڭ كاللىسىدەك ياساپ، قولىنىڭ ئورنىغا نېلۇپەر غولىنى ئورنىتىپ، چېچىنىڭ ئورنىغا ئوتياش تالالىرىنى بېكىتىدىغانلىقىنى، كۆزىنى ئۈزۈم دانىچىسىدىن ياسايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ راستلا بىرخىل قورۇما ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولدى. ئاپتور مۇشۇ روماننى يېزىۋاتقان چاغدا، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ياش يىگىت ئۇنىڭغا ئۆزى يازغان ھېكايىلارنى بىئەدىپ تۇرىدىغان، ئاخىرىدا يېزىلىۋاتقان رومان ھېلىقى كەسىپتىن سىرتقى ئىخادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يىگىتنىڭ ھېكايىسى بىلەن بىر گەۋدىگە يۇغۇرۇلۇپ كېتىدىغان بولدى. ئاخىرىدا ئاپتور مويەن ھېلىقى يىگىتنىڭ تەكلىپى بويىچە مەي بەگلىكىگە كەلدى. لېكىن، ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان مەي بەگلىكىگە كەلگەن كۈنىلا غەرق مەست بولۇپ، قايتا ئويغانمىدى.

مېنىڭچە، بۇ روماندا شەرھلەنگەن مەنالار كىتابخانىلارنى خېلى رەڭدار نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەيتتى. ناۋادا ئىنى – سىڭىللار قىزىقسا كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. بىز مەيلى چىرىكلىكنى يازايلى، مەيلى ئەمەلدارلار سورۇنىنى يازايلى، ئەگەر رىئاللىق نۇقتىسىدىنلا يازىدىغان بولساق، چوقۇم تېتىقسىز نەرسە بولۇپ چىقىشى تۇرغانلا گەپ. كېيىنچە يېزىلغان ئەمەلدارلىق سورۇنى ھەققىدىكى رومانلار ئەمەلىيەتتە چىرىكلىككە چاپان ياپىدىغان رومانلاردىن بولۇپ قالدى. خېلى كۆپ ئەمەلدارلار بىزنىڭ مۇشۇ خىلدىكى تۇرمۇش مۇھىتىمىزغا قويۇلدى – دە، ئۇلارنىڭ چىرىكلىشىپ كېتىشى، ياكى ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىلاجىسىزلىقتىن بولىۋاتىدۇ دېگەن خۇلاسە چىقىپ قالدى. ئۇلارنىڭ سۇبىكتىپ مۇددىئاسى توغرا ئىدى، ئۇلارنىڭ پۇقرالارغا ياخشى ئىش قىلىپ بەرگۈسى بار ئىدى. ئۇلار كۆۋرۈك ياسىماچى، زاۋۇت قۇرماقچى ئىدى، مۇشۇ ئىشنى دەپ باشقىلار ئۇلارغا پارا بەردى، ئۇلارغا يېقىنلاشتى، ئۇلارنى مېھمانغا چاقىردى، سوۋغا – سالام بەردى – دېيىلدى. نەتىجىدە ئەمەلدارلاردىكى چىرىكلىك بىلەن جەمئىيەتتىكى چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە ئەھلى ئىنسانچىلىق يېقىندىن چۈشەنچە بېرىلدى. ئادەملەرنىڭ ئۇلارغا ھېسداشلىقى قوزغالغانلىقى تىلغا ئېلىندى. بىزنىڭ ئەمەلدارلىق سورۇنى ھەققىدىكى رومانلىرىمىز ئاساسەن مۇشۇ لىنىيەنى بويلاپ يېزىلدى. ھېچ بولمىغاندا سەھىيە بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ ئورنىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈملىرى، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ ئورنىغا يېزا – بازار باشلىقلىرى ئالماشتۇرۇلدى. مۇشۇنداق ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە، ئەمەلدارلىق سورۇنى ھەققىدە يېزىلغان رومانلار ئەھمىيىتى يوق بىر نەرسىلەردىن بولۇپ قالدى. ھەتتا «ئەمەلدارلىق سورۇنىدىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاش» قا ئوخشاش قارا پەردىلىك رومانلاردا بارلىققا كەلگەن بەدىئىي ئۈنۈمنىمۇ پەيدا قىلالمىدى.

مېنىڭ مۇنداق دېيىشىم ئەمەلدارلىق سورۇنىغا ئائىت رومانلارنى يېزىشقا بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە يېزىشقا بولىدۇ. مۇنداق رومانلارنىڭ ئوقۇرمىنى ناھايىتى كۆپ چىرىكلىككە قارشى رومانلارنى ئەلۋەتتە يېزىشقا بولىدۇ، قارا پەردىگە ئائىت رومانلارنىمۇ يېزىشقا بولىدۇ. مېنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم، ئەمەلدارلىق سورۇنىغا ئائىت رومانلارنى يازغاندا فورمۇلالاشتۇرۇشتىن، قېلىپلاشتۇرۇشتىن كۈچىمىزنىڭ بارىچە نېرى تۇرۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، نۆۋەتتىكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە ۋە سەنئەت ئىجادىيىتىدە بىرەر تېلeۋىزىيە فىلىمىدىكى ياكى بىرەر ھېكايىدىكى مەلۇم پېرسوناژ ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ھامان، باشقىلارمۇ دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى كىلونلاشتۇرىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋال پەيدا بولۇپ قالدى. «بىسى پاقىرايدىغان خەنجەر» دىكى لى يۈنلۈك بازار تeپىۋeدى، كېيىنچە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى لى يۈنلۈڭنىڭ نەۋرە- چەۋرىلىرى قاپلاپ كەتتى. مۇنداق قىلغاندا، چوقۇم بىرسىدىن بىرسى كاسات بولىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ. دېمەك، بىرخىللاشتۇرىدىغان ئىجادىيەت پېرسوناژلاردىكى ئوخشاشلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر بىز ئەمەلدارلىق سورۇنىنى ياكى چىرىكلىككە قارشى تېمىلارنى يازماقچى بولىدىكەنمىز، چوقۇم يېڭى پېرسوناژلارنى بايقىشىمىز لازىم. ھەممە ئەمەلدارنىڭ قىياپىتى بىر خىل بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم. شۇنداقلا چىرىكلىك مەسىلىسىنى ھەدېسىلا تۈزۈلمە بىلەن جەمئىيەتكە دۆڭگەپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىنسان تەبىئىتى چوڭقۇرلىقىدىن قېزىش كېرەك. ئەگەر نەزەر دائىرىمىزنى سىرتقى مۇھىتقىلا قاراتساق، ئۇنداقتا كۆپ بولغاندىمۇ بۈگۈنكى دەۋردە چىرىكلىك ئەقىلغا مۇۋاپىق ئىش ئىكەن دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ قالىمىز ئەگەر مەنمۇ ئەمەلدار بولغان بولسام، چىرىكلىككە مۇشۇنداق تەدبىر بېرىپ قاراپ تۇرغان بولاتتىم. ناۋادا بىز ئادەملەرنىڭ روھى چوڭقۇرلىقىنى باشقا بىر نۇقتىدىن قازساق، بۆلەكچە پەرەزگە كېلىدىغانلىقىمىز تۇرغانلا گەپ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ساغلام بولمىغان، مۇكەممەللەشمىگەن تۈزۈلمىدىمۇ ئۆزىنىڭ پاك پەزىلىتى بىلەن ياشايدىغانلار بار. ھالبۇكى، ئىنتايىن قاتتىق نازارەت يولغا قويۇلغان تۈزۈمىدىكى بەزى ئادەملەر يەنىلا خىيانەت قىلىشتىن، چىرىكلىشىشتىن خالىي بولالمايدۇ.

يەنە بىر مەسىلە شۇكى، بىز خىيانەتچى ئەمەلدارلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئاشنىلىرى تەسۋىرلەنگەن ناھايىتى كۆپ ھېكايىلەرنىڭ بىر – بىرىدىن ئۇنچە چوڭ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى ئىنسان تەبىئىتى يوق، ئاياللارنى ئەخمەق قىلىشنىلا ياخشى كۆرىدىغانلار دېگەن نۇقتىدا تۇرۇپ يازىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىيانەتچى ئەمەلدارلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئاشنىلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تولىمۇ رەڭدار. بۇ جەھەتتە ھەقىقىي ئەركەك مىجەز خىيانەتچى ئەمەلدارلار، ھېسىياتىغا ئىنتايىن سادىق بولىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، ئاشۇنداق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرنىڭ بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتتە بىر ئايالغا مۇشۇنچىلىك ئاشىق بولۇشى، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بىر ئايالغا دو تىكىشى يېقىندىن ئالغاندا، ئۇنى ئەلۋەتتە بىر ياخشى پارتىيە ئەزاسى دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ھەقىقەتەن بىر ياخشى ئاشىق دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇڭا، تۇرمۇشتا سادىر بولغان كۆپتىن – كۆپ ۋەقەلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىش كېرەك. مەسىلەن، بىزنىڭ جىنەندىكى ھېلىقى ئەمەلدارنى ئالىدىغان بولساق، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن يەرلىك پۇقرالار، بولۇپمۇ ئەمەل سورۇنىدىكىلەر ئۇنى ئاغزى بېسىقماي ماختىدى، ئۇنى راستىنلا بىر ياخشى ئادەم ئىدى، دېيىشتى. پارتلاپ ئۆلگەن ھېلىقى ئايالنى بولۇشىچە ئەيىبلىدى. ئۇنى «بېلىقچىنىڭ ھېكايىسى» دىكى مومايدەك نېسىۋىسىگە شۈكۈر قىلمايدىغان ئاچكۆز ئايال ئىدى، دېدى.

مەن 1997- يىلى قىسىمدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، «تەپتىش گېزىتى» دە ئون يىل ئىشلىدىم، مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغۇن دېلو بىلەن ئۇچراشتىم. ھەرقانداق خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە خاس قىياپىتى بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم. ھەرقانداق خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ خىيانەت قىلىش سەۋەبى ۋە ئۇلارنىڭ پارا ئارقىلىق ئېرىشكەن پۇل – مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش شەكلىنىڭمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى، ئاياللارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭمۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە پەرق قىلىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئالايلۇق، تەپتىش ئەمەلدارى خىيانىتى پاش بولۇپ قالغان بىر ئەمەلداردىن ئەھۋال ئىگىلەيدىغان چاغدا، بۇ ئەمەلدار تەلەپ، تەپچىرەپ، ئولتۇرالماي قالغان. ئاخىرىدا ئۇ تەپتىش ئەمەلدارىغا بىر پارچە ئاق قەغەز بىلەن قىزىل – كۆك ئىككى رەڭدىكى قېرىنداشتىن بىرنى بېرىش تەلىپنى قويغان. سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىل – كۆك ئىككى رەڭدىكى قېرىنداشنى تۇتۇپ، خەت يېزىلمىغان ئاق قەغەزگە قاراپ ئولتۇرغاندىلا كاللىسىنىڭ ۋە تەپەككۇرىنىڭ سەگەك بولىدىغانلىقىنى، ھەر قېتىم دوكلات بېرىدىغان چاغدىمۇ بىر قولىغا قىزىل – كۆك ئىككى رەڭدىكى قېرىنداشنى تۇتۇپ، ئالدىغا بىر پارچە ئاق قەغەز قويۇپ سۆزلەشكە كۆنۈپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. تەپتىش ئەمەلدارى ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى قاندۇرغان. دېگەندەك، ئۇ ئۆزىدىكى مەسىلىنى ئىنتايىن رەتلىك، ئېقىتماي – تېمىتماي تاپشۇرغان. مۇنداق سۇژىتلار دىراماتىك پۇراق بىلەن تويۇنغان بولىدۇ. تىيەنجىندىكى بىر خيانەتچى ئەمەلدار ئادەتتە ئازادلىق ئارمىيە پوسونىدىكى كونا بىر ئاياقنى كىيىپ يۈرىدىكەن. قىسىمدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان بۇ كادىر خىيانەت قىلغان نەچچە مىليون پۇلنى ھېچكىم ئولتۇرمايدىغان قۇرۇق ئۆيدىكى كارىۋاتنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىشكاپقا سېلىپ ساقلايدىكەن. ھەر كۈنى ئىشتىن يانغاندىن كېيىن، ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ۋېلىسىپىتنى مىنىپ مۇشۇ ئۆيگە كىرىدىكەن – دە، ئىشىكنى تاقاپ، چىراغنى يېقىپ، كارىۋاتنى جايىدىن يۆتكىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ پۇللىرىنى بىرقېتىم – بىر قېتىمدىن ساناپ چىقىدىكەن، ساق ئىككى سائەت ساناپ، ئاندىن ئۆيىگە كىرىپ ئۇخلايدىكەن. تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇ بىر پۇڭ پۇلىنىمۇ خەجلىمىدىم، ھەممىسى ئاشۇ ئۆيدە قويۇقلۇق، ناھايىتى كەلسە ساناپلا باقتىم دەپتۇ. بۇ تولىمۇ قىزىق ئادەم ئىكەن. شۇنداق جاپاكەش، شۇنداق ئاددىي – ساددا ئىكەنكى، بىر پۇڭ پۇل خەجلەشكىمۇ كۆزى قىيمايدىكەن، قارىماققا ئىنتايىن پاك تۇرمۇش كىچۈرىدىكەن. ئايالىمۇ ھەددىسىلا ئۇن ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدىكەن، خىيانەت قىلغان باشقا ئادەملەرگە قاراپ باقساڭ بولمامدۇ، قەلەندەرگىلا ئوخشايسەن دەيدىكەن. يەنە بىرخىيانەتچى ئەمەلدار ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشكىدەك قىزىل ئىكەن، ئۇ مەن خىيانەت قىلمىدىم، پەقەتلا گېلىمغا ئامراق دەيدىكەن. جياڭسۇلۇق بۇ خىيانەتچى ئەمەلدار ئىككى يىلدىلا ئۈچ زاۋۇتنى يەپ تۈگىتىپتۇ. ئۇ زاۋۇتتا ھېچ ئىش قىلمايدىكەن، گېلى بىلەنلا بولىدىكەن، بولۇپمۇ تاشپاقا يېيىشكە بەك ئامراق ئىكەن.  تاشپاقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئەگرى سۆڭەك چىش كوۋلاشقا ئەپلىك بولغاچقا، ئۇ لىق بىر تاغار سۆڭەك يىغىپتۇ. ئۇ بىر قېتىم كاتىپى بىلەن مەلۇم بىر ناھىيەگە بېرىپ، ساق ئىككى كۈن قورساق بىلەن ھەپىلىشىپ يېنىپ مېڭىپتۇ. يېرىم يولغا كەلگەندە شوپۇردىن يەنە پۇل بارمۇ دەپ سوراپتۇ. شوپۇر يەنە سەككىز يۈز يۈەن پۇل بار دەپتۇ. ئۇنداق بولسا كېتىپ نېمە قىلىمىز، – دەپتۇ خىيانەتچى ئەمەلدار، – ئۇنىمۇ يەۋېتىپ كېتەيلى! مۇشۇنىڭدىنمۇ خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بىر ئايال ئۈچۈن مۇشتۇمدەك بىر لۈكچەك بىلەن ماي تارتىشىپ قېلىپ، چوڭ مەيداندىلا ئۇنىڭ بىلەن مۇشتلىشىپ كەتكەن. سالاپەتلىك بۇ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ئۈچتە ھەمراھ بولىدىغان خاتقىزنى دەپ مۇشتلىشىپ، باش – كۆزىنى يېرىۋالغان. قاراپ تۇرغانلار ھېلىقى كىچىك لۈكچەككە بۇ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇ لۈكچەك: پوق يەپسەن، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى مەن بىلەن ئۈچتە ھەمراھ بولىدىغان بىرسىنى تالىشامدۇ؟ دەپ تۇرىۋالغان، ھايال ئۆتمەي، ئۇنىڭ راستىنلا مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. مەن «تەپتىش گېزىتى» دە ئون يىل ئىشلەش جەريانىدا، مۇنداق خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى تولا كۆردۈم.

سىلەر خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ ئاشنىلىرىنى توردىن ئىزدەپ قاراپ باقساڭلار، مەن سۆزلىگەندىنمۇ بەكرەك كۆزنى ئالا چەكمەن قىلىۋېتىدىغان ئىشلارنى ئۇچرىتىسىلەر. بىز ھەقىقەتەنمۇ گەپ قىلغىلى بولمايدىغان بىر دەۋرگە كىردۇق. ياخشى دېسەك، كۆرۈپ ئۈلگۈرگىلى بولمايدىغان ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەتەن كۆپلۈكىنى بىلىسەن. ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنى ئۆتكۈزدۇق، دۇنيا كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزدۇق، دۈشمەنلەرگە بولغان ئورتاق نەپرەتنى ئىپادىلىدۇق، ئۆم – ئىناق بولۇپ، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلىدۇق، تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا غەيرىتىمىز ئۇرغۇپ، ھېچقانداق نەرسىمىزنى ئايىمىدۇق … توغرا ئىشلار ھەقىقەتەن ئىنتايىن كۆپ، لېكىن سەلبىي نەرسىلەرمۇ ئاز ئەمەس.

مۇشۇنداق ئەھۋالدا دىككىنىس يازغان «ئىككى شەھەر خاتىرىسى» ناملىق روماننىڭ بېشىدىكى بىر ئابزاس سۆز سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى يازغۇچى ئاستافيېق ئېلان قىلغان «بېلىق شاھى» نىڭ ئاخىرىدىكى: «بۇ قۇرۇلۇۋاتقان دەۋر − شۇنداقلا بۇزۇلىۋاتقان دەۋر؛ بۇ كىيمىمىز پۈتۈن، يېمەك – ئىچمىكىمىز تەل بولغان دەۋر، شۇنداقلا قورساق تويمايدىغان دەۋر؛ بۇ ئۇرۇق سېلىنىۋاتقان دەۋر، شۇنداقلا ھوسۇل يىغىۋاتقان دەۋر …» دېگەن سۆزلەرنى ئېسىمگە كەلتۈردى. بىز ھەر قېتىم بىرەر شەيئىنى ماختىغان چاغدا مۇئەييەن رەۋىشتە بۇ شەيئىنى تەنقىد قىلىدىغان يەنە بىر نۇقتىنىمۇ تاپالايمىز. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مۇشۇنداق رەڭدار ئىجتىمائىي تۇرمۇش قوينىدا ئۇنى قانداق كۆزىتۈش، خام ماتېرىيالغا قانداق ئېرىشىش جەھەتتە ئۆزىمىزنىڭ قانداق ئىدىيەۋى ئېگىزلىكتە تۇرغانلىقىمىزغا قاراشقا توغرا كېلىدۇ.

ئادەم تەبىئىتىنى تەسۋىرلىگەندە چوقۇم

سىنىپىيلىكتىن ھالقىش كېرەك

سۆزىمىزنى بايىقى قېتىمىغا قايتۇرۇپ كېلەيلى. مەن «مەي بەگلىكى» نى يازغاندىن كېيىن، يەتكىچە غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان «تولغان ئەمچەك، سېمىز ساغرا» ناملىق روماننى ئېلان قىلدىم. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ روماننىڭ تېمىسىدا ھېچقانداق مەسىلە يوق. لېكىن، ئەگەر شۇ چاغدا بۇ رومانغا ئاشۇنداق ئىسىم قويمىغان بولسام، ئۇنىڭ تەقدىرى باشقىچە بولاتتىمىكىن دەپ ئويلايمەن. شۇ چاغدا نەشرىيات ئورۇنلىرى مەن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ناۋادا رومان مۇشۇ ئىسىم بىلەن نەشر قىلىنسا سىزگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرەرمىكىن دېدى. لېكىن، روماننىڭ نامىنى ئۆزگەرتىۋەتسەم، ئۆزگەرتىلگەن نامىنىڭ روماندا بايان قىلىنغان ئىشلار بىلەن بىر يەردىن چىقىشى ناتايىن ئىدى. شۇڭا، رومانغا لايىق كېلىدىغىنى يەنىلا ئۇنىڭ مۇشۇ نامى دېگەن تۇيغۇغا كېلىپ، بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن دېدىم- دە، ئەسلىدىكى نامنى ساقلاپ قالدىم.

رومان نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قىسىمدىكى بەزى پېشقەدەملەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. مۇنداق نارازىلىقنى مەن چۈشەنگەن يەردە ئىدىم. ئۇلارنىڭ كۆپتىن كۆپ نەتىجىلىرى خېلىلا يوللۇق ئىدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ چەكسىز نۇتقىغا كۆتۈرۈشلىرىنى، ھەتتا بۇ روماننى پارتىيەگە، سوتسىيالىزمغا قارشى ئەسەر دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشلىرىنى، ئۇلارنىڭ مۇنداق پەرەزلىرىنى قوبۇل قىلالىشىم تەس ئىدى.

ئالدى بىلەن، مېنىڭچە بۇ روماندا مەن يەنىلا ئادەم ئۈستۈنلىكىدە تۇرۇپ، گومىنداڭ بىلەن گۇڭچەنداڭدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيەنىڭ نەچچە ئون يىللىق كۈرەشلىرىنى تەسۋىرلىگەنىدىم. ئىككىنچىسى، شاڭگۇەن جىنتۇڭدەك تىپىك، مۇرەككەپ پېرسوناژنىڭ ئوبرازىنى ياراتقانىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا، روماندىكى ئانىدىن ئىبارەت پېرسوناژنى تەسۋىرلىگەندىمۇ، ئۇنى سىنىپتىن ھالقىغان ئادەم تەبىئىتى نۇقتىسىدىن تەسۋىرلىگەن ئىدىم. ئادەم تەبىئىتى ھەقىقىدىكى تەسۋىر چوقۇم سىنىپتىن ھالقىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ، رېئال تۇرمۇش ئىچىدىن بۇنداق ئانىلارنىڭ ئاساسىنى تاپقىلى بولاتتى. ئۇ ئانا سەككىز قىز پەرزەنت كۆرگەن، بۇ قىزلارنىڭ بەزىلىرى قورچاق ھەربىيلەرگە، بەزىلىرى سەككىزىنچى ئارمىيە جەڭچىلىرىگە، بەزىلىرى گومىنداڭ ئارمىيەسىدىكىلەرگە ياتلىق بولغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئانىسىنىڭ بېقىشىغا تاشلاپ بەرگەن، ئانىمۇ بۇ بالىلارغا بىر كۆزدە مۇئامىلە قىلغانىدى. بۇ بالىلار دادىلىرىنىڭ قانداق سىنىپقا تەئەللۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر گۇناھسىز ئىدى. شۇڭا، بۇ ئانا بۇ بالىلارنى مىڭبىر جاپادا چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقانىدى.

مېنىڭچە مۇشۇ تەسۋىرلەشنىڭ ئۆزى پۇت تىرەپ تۇرالايتتى، شۇنداقلا يول قويسا بولىدىغان ئىش ئىدى. لېكىن، بىزنىڭ پېشقەدەم يازغۇچىلىرىمىز ئۇزاق يىللاردىن بۇيان سىنىپىي كۈرەشنىڭ تەسىرىگە يولۇققان بولغاچقىمۇ، مۇنداق يېزىشنى قوبۇل قىلالمايتتى. مېنى ئۆزۈمنى تەكشۈرۈشكە بۇيرىغاندا، مۇنداق يېزىش مېنىڭ كەشپىياتىم ياكى ئىجادىيىتىم ئەمەس دەپ ئۆزۈمنى ئاقلاپ باقتىم. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى رومانلاردىمۇ شۇنداق يېزىلغان دېگەن بولدۇم. «تىنچ دون» دىكى تەسۋىر ئەمەلىيەتتە سىنىپىيلىكتىن ھالقىغان يەردە ئىدى. شولۇخۇفنىڭ قەلىمىدىكى گرىكورى دېگەن بۇ پېرسوناژ زادى قايسى سىنىپنىڭ؟ ئۇ بىر ھاللىق ئوتتۇرا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلىپىدە قىزىللارغا قاتناشقان، كېيىن يەنە ئاقلارغا قوشۇلغان. ئاخىرىدا يەنە قىزىللاردا ئەسكەر بولۇپ، يانا بىر قېتىم ئاقلارنىڭ قاتارىغا كىرگەن، بېرىپ – بېرىپ، ئۇياندىن بۇيانغا قېقىلدى – سوقۇلدى بولۇپ يالغۇز قالغان. ئۇ ئاقلارغا ئىشلىگەن چاغدا، قىزىللارنى ئايىماي قىرغان. قىزىللار بىلەن بىللە بولغاندا، ئاقلارنىمۇ ئىنتايىن باتۇرلۇق بىلەن ئەدەپلىگەن. مۇنداق ئادەم، مەيلى ئۇ قانداق ئارمىيەدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئوخشاشلا ياخشى ئادەم، ئوخشاشلا شۇ قوشۇنىنىڭ قەھرىمانى. مۇنداق ئادەمگە سېنىڭچە قانداق باھا بەرسەك بولار؟ ئۇ زادى ياخشى ئادەممۇ، ياكى ئەسكى ئادەممۇ، دەپ باقمامسەن؟

«تىنچ دون» نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بىزدە گىرىكورىدىن ئىبارەت بۇ پېرسوناژغا قارىتا چوڭقۇر ھېسداشلىق پەيدا بولىدۇ. مۇنداق بىر غايەت زور ئىجتىمائىي، تارىخىي مالىمانچىلىقتا ئادەملەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى، تۆۋە دەپ ئېقىۋاتقان دەريادا لەيلەپ يۈرگەن بىرتال ياغاچتەك، سۇ قەيەرگە ئېلىپ ماڭسا، شۇ يەرگە قاراپ ئاقىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. مېنىڭ رومانىم ھېچبولمىغاندا مۇشۇنداق ئۈستۈنلۈككە يەتكەن، ھەتتا بۇنىڭغىمۇ يېتەلمىگەن ئەھۋالدا ئىدى. مۇشۇنىڭدىنلا، بىز ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملاشقان بۇ خىل كونا كونسىرۋاتىپپ قاراشنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنى تەۋرىتىشنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.

ھەقىقىي رەۋىشتە روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھېكايىلەرنى بىز تىنچ يازالمايۋاتىمىز

يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بېرى، مەن ئاساسلىقى جۇڭگو ھېكايىلىرىنى مىللىيەتلەشتۈرۈش جەھەتتە ئۆزۈمنى سىناپ باقتىم. بۇ يەردە «سەندەل جازاسى» ناملىق روماننى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنى نەغمىلىك تىياتىر تىپىدىكى رومان ياكى رومانلاشتۇرۇلغان نەغمىلىك تىياتىر دېيىشكىمۇ بولاتتى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلاردا، غەرب ئەدەبىياتىدىكى زور بىر تۈركۈم ئەسەر خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشردىن چىقتى. بىز بىر – ئىككى يىل ئىچىدىلا يىگىرمە يىللىق دەرسنى تولۇقلىۋالدۇق. بۇ يەردىكى سەۋەب، 60- يىللاردىن 80- يىللارغىچە بولغان يىگىرمە يىلدىكى غەرب ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيمىز دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدىغاندەك ئىدى. كىتاب ئوقۇش، بىلمىگەننى تولۇقلاشتا خۇددى جىن چاپلاشقاندەك دەرىجىدە ئىدۇق.

شۇ چاغدا ھەر يەكشەنبە كۈنى ۋېيگۇڭسۈن كەنتىنىڭ قارشىدىكى كىتابخانىغا بېرىپ كىتاب ئالاتتۇق. كۆپچىلىككە تونۇشلۇق گارسىيا ماركۇز بولامدۇ، فولكىنېر بولامدۇ، ھېمىڭۋاي بولامدۇ ياكى فىرانسىيەنىڭ يېڭى ھېكايە ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ئەسەرلىرى بولامدۇ، ئەيتاۋۇر كۆزىمىزگە چېلىققانلا كىتابنى تېپىۋالاتتۇق. كۆپىنچە كىتابلارنى بىرنەچچە بەت ۋاراقلاپلا بولدى قىلاتتۇق، كۆرمەيتتۇق. خېلى جىق ئادەملەر مېنى گارسىيا ماركۇزنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان دەيدۇ، مەن بۇنىڭدىن تانمايمەن. لېكىن ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، ئۇنىڭ «يۈز يىل غېرىپلىق» دېگەن رومانىنى 2007- يىلىغا كەلگەندىلا ئوقۇپ چىققانلىقىم بولدى. شۇ چاغدا بىر نەچچە بەتنى كۆرۈپلا ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى باسالماي، ئەسلىدە ھېكايە دېگەننى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەنغۇ دەپ قالغانىدىم. ئۇنداقتا مۇنداق يېزىشنى نېمىشقا بالدۇرراق ئويلىمىدىم؟ تۇرمۇشۇمدا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋەقە ۋە ھېكايە ناھايىتى كۆپ بولغاچقا قولۇمغا قەلەمنى ئېلىپ يازغىلى تۇردۇم. قىزىقساڭلار مەن ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىدىكى چېغىمدا يازغان «ئالتۇن چاچلىق بوۋاق»، «توپ شەكلىدىكى چاقماق» نى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. «توپ شەكلىدىكى چاقماق» تا تىنىمسىز رەۋىشتە ئۆزىنىڭ ئۈستى- بېشىغا قۇشلارنىڭ پېيىنى چاپلاپ، ئۇچۇپ باقسام دەپ ئارام تاپمايدىغان بىر بوۋاي بار. «ئالتۇن چاچلىق بوۋاق» تىمۇ «يۈز يىل غېرىپلىق» نىڭ پۇرىقى بار.

بىز جۇڭگولۇق يازغۇچىلار يىگىرمە يىللىق ئۆگۈنۈش ئارقىلىق بۇ خىل تەقلىد قىلىش باسقۇچى بىلەن ئادا- جۇدا بولغان بولساق بولاتتى. 1987- يىلى، مەن تېخى ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، «گارسىيا ماركۇز بىلەن فولكىنېردىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئېگىز پېچتىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتەيلى» ناملىق ماقالەمنى «دۇنيا ئەدەبىياتى» دا ئېلان قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. مەن شۇ چاغدىلا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن سوكۇلداپ يۈرمەسلىك كېرەك دېگەننى ئىنتايىن ئېنىق تونۇپ يەتكەن يەردە ئىدىم. چۈنكى ئۇلار لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان پېچ ئىدى، ھالبۇكى بىز مۇزنىڭ ئۆزى ئىدۇق، ناۋادا بەك يېقىن بېرىۋالساق، ئېرىپ كېتىدىغانلىقىمىز تۇرغانلا گەپ ئىدى. بىز ئۈچۈن زۆرۈرى سۈرئەتتە، تىلى، قۇرۇلما قاتارلىق تەرەپلەردە ئۇلارنى ئاددىيغىنە دوراش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ماتېرىيالنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى، تۇرمۇشنى كۆزىتىش ئۈسۇلىنى، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى يۈكسەكلىكىنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت ئىدى. فولكىنېرنىڭ ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، نەشردىن چىققاندىن كېيىن، بۇ ھېكايىلەرنىڭ ئاخىرىدىكى نەچچە مىڭ خەت ئارىسىدا تىنىش بەلگىلىرى بولمىغاچقا، بىزنىڭ بىر تالاي ھېكايىلىرىمىزمۇ بىر مەھەل تىنىش بەلگىلىرىدىن مۇستەسنا ھالدا يېزىلدى. بۇ سۆلەتۋازلىقتىن بۆلەك ھېچنەرسە ئەمەس ئىدى. ھەتتا ئۇنى نائۇستىلىق دېگىلىمۇ بولمايتتى. فولكىنېر بىرەر ۋەقەنى ئۈچ قېتىم سۆزلىگەن بولسا، بىز ئۇنى تۆت قېتىم، بەش قېتىملاپ سۆزلىسەكمۇ يېڭىلىق ياراتقانلىققا ھېساب بولمايتتى. گارسىيا ماركۇز بىرەر پىېرسوناژنى ئەدىيالغا ئۆلتۈرۈپ ئاسمانغا چىقماقچى دەپ يازغان بولسا، بىز بىرەرسىنى قۇشنىڭ پېيىنى چاپلاپ ئاسمانغا ئۇچماقچى دەپ يازساق، بۇنىمۇ يېڭىلىق ياراتقانلىق دېگىلى بولمايتتى. بۇ ئىنتايىن چاكىنا دورامچىلىق بولغاچقا، مەن شۇ چاغدىلا بىز مۇنداق دورامچىلىقتىن دەرھال خالاس بولۇشىمىز، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئۆگىنىش قوينىغا ئۆزىمىزنى ئېتىشىمىز لازىم دەپ قارىغانىدىم. بۇ ئۇنىڭ يۈزەكى تەرەپلىرىنى ئۆگىنىدىغان ئۇنداق چاكىنىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي، يادرولۇق نەرسىلىرى − ئۇلارنىڭ ئىنساننى كۆزىزىش پوىتسىيەسىنى ئۆگىنىدىغان ئىش ئىدى.

مەن فولكىنېر، گارسىيا ماركۇزلارنىڭ ھېكايىلىرىدىمۇ ھايات- ماماتلىق، سۆيگۈ – مۇھەببەتكە ئائىت زور تۈركۈمدىكى تەسۋىرلەشنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم. لېكىن، ناۋادا سىلەر ئوقۇپ باقساڭلار، ھايات – ماماتلىق، سۆيگۈ – مۇھەببەت توغرىسىدىكى تەسۋىرلەرنى كۆرسەڭلار، تۇيغۇدىكى شىددەتلىك يۇلقۇنۇشنىڭ، ئىنتايىن ئازابلىق ياكى ئىنتايىن شادلىق ھېسسىياتنىڭ بارلىققا كېلىشى ناتايىن. شۇڭا ئۇلار ماڭا ئالەمنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا تۇرۇپ، مۇشتۇمچىلىك يەر شارىدىكى ئىنسانلارغا سەپ سېلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەملەرگە سەپ سېلىشى بىزنىڭ چۈمۈلىلەرگە سەپ سالغىنىمىزغا ئوخشايدۇ. بىز چۈمۈلىلەرنىڭ ھايات – ماماتلىق ئېلىشىش جەريانىدا يەر يۈزىنى ئۆزىنىڭ جەسىتى بىلەن قاپلىغانلىقىنى كۆرۈمىز ئۇلار ئۈچۈن ئالغاندا، ئۆلۈپ قالغان بىرتال قۇرتنى تالىشىش ھەقىقەتەن بىر مەيدان جەڭ. لېكىن چۈمۈلىلەرگە قاراپ تۇرغان ئادەم ئۈچۈن ئالغاندا، قىلچە ئەھمىيەتسىز بىر ئىش. ناۋادا كۆكنىڭ قەرىدە تۇرغان خۇدا بىز ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىگە خۇددى بىز چۈمۈلىلەرگە قارىغاندەك قاراپ تۇرالايدىغان بولسا، بۇ قاراش دەل ماركىزنىڭ ئىنسانلارنى كۆزىتىش بۇرجىكىنىڭ ئۆزى. ئۆگىنىمىز دېگەندە باشقا نەرسىلەرنى ئەمەس، مۇشۇنى ئۆگىنىشكە تېگىشلىكتەك قىلىدۇ.

يىگىرمە يىل مابەينىدە، بىز شىللىمىزغا ئارتىپ يۈرگەن بۇ گۇناھنى يۈيۇۋېتەلمەيلا ئۆتتۇق. بىر تالاي تەنقىدچىلەر ئىزچىل يوسۇندا بىزنى غەربتىكى ئەدلىيەلەرنىڭ قۇيرۇقىدا ئۆمىلەپ يۈردى، دېدى. بىز يازغان ھەرقانداق بىر پارچە ھېكايىنى گارسىيا ماركۇزغا تەقلىد قىلدى دەپ كەلدى، فولكىنېرنى كلونلىدى دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئېيتقاندەك ئۇنداق سەتچىلىككە قالمىدۇق. شۇنداقتىمۇ، تېخىمۇ روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھەقىقىي رەۋىشتىكى ھېكايىلەرنى يازالمىغانلىقىمىزنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. «سەندەل جازاسى» دا قىلغانلىرىم دەل مۇشۇ جەھەتتىكى سىناقنىڭ ئۆزى ئىدى.

ھېكايىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، مېنىڭچە ھەرقانداق سەنئەت تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، چوقۇم يېڭى بىر يولنى تاپىدۇ، ئەمەلىيەتتە مۇنداق بىر نەچچە يولنىلا مېڭىشقا بولىدۇ: بىرسى سىرتتىن ئۆگىنىش، جۈملىدىن چەت ئەل ئەدەبىياتىدىن، شۇنداقلا باشقا سەنئەت تۈرلىرىدىن ئۆگىنىش. بىزدەك ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار تىياتىردىن ئۆگەنسەكمۇ بولىدۇ، مۇزىكىدىن ئۆگەنسەكمۇ بولىدۇ، گۈزەل سەنئەتتىن ئۆگەنسەكمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەنئەت، چوقۇم بىرسىنى بىلىش ئارقىلىق قالغانلىرىنىمۇ بىلگىلى بولىدۇ؛ سەنئەتنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى نەرسىلەر ئوخشاش. مېنىڭچە، بىرەر مۇزىكانتنى، بىرەر راسسامنى، بىرەر يازغۇچىنى يۆلەپ تۇرىدىغان ئەڭ يادرولۇق كۈچنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەدئىي شەكىلمۇ ئۆزئارا ئالمىشالايدۇ.

مەن ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنىستىتۇدىكى ۋاقتىمدا دائىم دېگۈدەك كۇتۇپخانىغا بېرىپ، غەرب سەنئەتكارلىرىنىڭ رەسىم توپلاملىرىنى ئارىيەت ئېلىپ كۆرەتتىم. ۋانگوكنىڭ رەسىملەر توپلىمى، گاۋگېن رەسىملەر توپلىمى مېنىڭ ئىجادىيىتىمگە ئىنتايىن بىۋاسىتە قوزغىتىش بېرەتتى. ۋانگوكنىڭ قەلىمىدىكى ئېگىلىپ كەتكەن دەل – دەرەخلەر، پىرقىراۋاتقان يۇلتۇزلار، ئەنسىزلىك ئىلكىدە جىددىيلەشكەن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەن چېغىمدا، مېنى جىددىي پىسخىك تەسىراتنى تاپمىغان ياكى ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىگەن دەپ كىم ئېيتالايدۇ بۇ ھالبۇكى، بۇ خىل پىسخىك تەسىراتنى تىلغا ئايلاندۇرۇپ ئىپادىلىگىلى بولاتتى.

شۇڭا، مېنىڭچە مەن باشتا يازغان ئەسەرلىرىمدىكى تىلنىڭ ئۆلچەمسىزلىكى، قېلىپتىن چىقىپ كېتىشى، شىددەتلىك بولۇشى ۋانگوكنىڭ رەسىملىرىنى كۆرگەنلىكىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. گاۋگېن، رۇسسۇلارنىڭ قەلىمىدىكى سىرلىق تۇيغۇ بىلەن پۈركەنگەن ئاجايىپ – غارايىپ كۆرۈنۈشلەر، ھايۋاناتلاردۇر. ئادەملەرمۇ يازغۇچىغا كۈچلۈك پىسخىك تەسىرات بېرەلەيدۇ. بۇنداق تەسىراتنى يېزىققا يۈزلەندۈرگىلىمۇ بولىدۇ. بۇنداق نەرسىلەر ئەلۋەتتە خاسلىققا ئىگە بولىدۇ، چۈنكى كۆرۈنۈش بىلەن يېزىقنىڭ ئارىلىقى بىر- بىرىدىن تولىمۇ يىراقتا بولىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى ھېسسىياتنى ئۆزئارا ئۆتۈشتۈرگىلى بولىدۇ. بىرەر يازغۇچى ياكى بىرەر سەنئەتكار تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغاندا، ھەدېسىلا تەكرارلايدىغان بولۇپ قالغاندا، يېڭى پىكىرگە كۈچى يەتمەيدىغان بولۇپ قالغاندا بۆسۈپ چىقىپ كېتىمەن دەيدىغان نىيەتكە كەلگەن بولسا، سىرتتىن ئۆگىنىش كېرەك. گارسىيا ماركۇزدىن، فولكىنېردىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھېكايىلىرىدىن، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ھېكايىلىرىدىن، ياپونىيە ھېكايىلىرىدىن ئۆگىنىش كېرەك؛ ئاندىن قالسا، مۇزىكا ئاڭلاش كېرەك، مۇزىكانتلاردىن ئۆگىنىش كېرەك؛ داڭلىق رەسىملەرنى كۆرۈش، رەسساملاردىن ئۆگىنىش كېرەك؛ ھەتتا سېرك ئارتىسلىرىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ھەرقانداق سەنئەتنىڭ مەنىۋىيەت چوڭقۇرىدا ئۆزئارا تۇتۇشىدىغان جايى بولىدۇ.

يەنە بىر ئۇسۇل خەلق ئىچىدىن ئۆگىنىش كېرەك. خەلق ئىچى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئىنتايىن مول، ئۇ خەلق ئىچىدىكى پۈتكۈل تۇرمۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەن بۇ يەردە نوقۇل ھالدا خەلق ئىچىدىكى سەنئەتنى كۆزدە تۇتماقچى. مېنىڭ ئانا يۇرتۇم گاۋمىدىكى قەغەز قىيمىچىلىق، لاي قونچاق قاتارلىق سەنئەتنى ئالساق، بۇ شۇ يەردىكى دىھقانلارنىڭ ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىدىن بوشىغان چاغدىكى كۆڭۈل ئېچىش ياكى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى نېمىلا بولمىسۇن ئاز- پاز زىننەتلەپ قويۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار دەماللىق ئىجاد قىلىنىدۇ. ئۇلارغا ئۇستاز يوق، ياسىغان نەرسىلىرىنى تاۋار قىلىپمۇ ساتمايدۇ. يېزا ئاياللىرى چاغان كېلەي دەپ قالغاندا، كاڭدا ئولتۇرغان پېتى قايچا بىلەن ھەر خىل نەقىشلەرنى قىيىپ چىقىرىدۇ – دە، ئۇلارنى دېرىزىگە چاپلاپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى بېزەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ مىجەز – خۇلقى ياكى بەدىئىي گۈزەللىك تۇيغۇسىنىڭ تەبىئىي يوسۇندا نامايان بولۇشى، خالاس؛ ئۇلارنىڭ ماھارىتى ئىنتايىن ئاددىي بولۇشى مۇمكىن. ئىپادىلىگەن نەرسىلەرنىڭمۇ ناھايىتى ساددا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە چوقۇم بىزنى تەسىرلەندۈرىدىغان، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى ئېچىپ بىرىدىغان بىرنەرسە بولىدۇ. بىزنىڭ گاۋمىدىكى لايدىن ياسىغان لاي قونچاقلارمۇ سېپى ئۆزىدىن يەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئۇلارنىمۇ ئوخشاشلا دېھقانلار دېھقانچىلىقتىن بوشىغان چاغلاردا، لاينى مىجىپ ياسايدۇ – دە، ئاز – ماز رەڭ سۈركەپلا بولدى قىلىدۇ. لېكىن بۇلار بۈگۈنكى كۈندە تاۋارغا ئايلاندى. بۇ نەرسىلەردىمۇ بارا – بارا مۇئەييەن ھالدا مەلۇم ئۇسلۇب شەكىللىنىدۇ. ئۇلار ياسىغان يولۋاسلار شۇنچىلى يۇۋاش، شۇنچىكى ئاقكۆڭۈل، ۋەھشىي يولۋاسلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ رەڭگى ياكى شەلپەردەك قىپقىزىل ياكى زىيادە يېشىل، ئىنتايىن كۈچلۈك سېلىشتۇرما پەيدا قىلىدۇ. ئۇسلۇبىمۇ مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ. شىئەننىڭ ئەتراپىدىكى خەن دەۋرىگە تەئەللۇق ھەيكەللەر، تاش ئويمىلار پادىشاھلىقنىڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن يەنىلا ھېلىقى ئاددىي – ساددا شىجائەت، كەڭ قورساقلىق چىقىپ تۇرىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئوخشىغان بىلەن ئوخشىمىغاننىڭ ئارىسىدىكى بىرنەرسە بولىدۇ. دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ گاۋمىدىكى لاي قونچاقلار، مەيلى ئۇلار يولۋاس، شۇ كىچىك بالا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى مۇشۇنداق. ئوخشىمامدىكىن دېسەڭ، سەل – پەل ئوخشايدىغاندەك قىلىدۇ. ئوخشامدىكىن دېسەڭ، ئەسلىي ھالىتىدىن پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن، تەسەۋۋۇردىكى شىر – يولۋاسلارغا يېقىن بىر نېمە بولىدۇ.

مۇشۇنداق ئوخشاشلىق بىلەن ئوخشىماسلىق ئەمەلىيەتتە تىپىك شەرق سەنئىتىنىڭ بەدىئىي مۇقامى ۋە پىكىر مەنزىرىسى. مۇنداق بەدىئىي پىكىر مەنزىرىسىنىمۇ بىزنىڭ ھېكايە ئىجادىيىتىمىزگە ئېلىپ كىرىشكە بولىدۇ.

خەلق ئىچىدىكى تىياتىرلىق ئەلنەغمىلەرنى ئالايلى گاۋمىدا «ماۋجياڭ» دەپ ئاتىلىدىغان تىياتىرلىق ئەلنەغمە بار. مەن «سەندەل جازاسى» دېگەن رومانىمغا «ماۋجياڭ» دىكى «ماۋ» نى مۈشۈكتىكى «ماۋ» غا ئۆزگەرتىپ كىرگۈزدۈم. بۇ كىچىك تىياتىرنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ناھايىتى تار، ئاران ئىككى- ئۈچ ناھىيە بىلەنلا چەكلىنىدۇ. خەلق ئىچىدىكى بۇ كىچىك تىياتىر دەسلىپىدە پۈتۈنلەي دېگىدەك كوچا – كويلاردا، كەڭرەك سورۇنلاردا ئوينالغان. بىرەر تالىپنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئېشەك مىنىپ يولغا چىققانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغاندا، ھەقىقىي ئېشەكتىن بىرنى سەھنىگە چىقارغان. ئەمدىلىكتە تەرەققىي قىلىپ نەچچە يۈز يىل ئۆتكەندە، بارغانسېرى ئۆلچەملەشتى. تەدرىجىي رەۋىشتە باشقا تىياتىر تۈرلىرىنى، ئالايلۇق جىڭجۈي تىياتىرى، لۈيجۈي تىياتىرى قاتارلىقلاردىن ئۆگەندى. باشتىكى كونا نەرسىلەر بارغانسېرى ئازايدى، كىيىملىرى، گىرىملىرى چىراي پەرداشلىرى بارغانسېرى جىڭجۈي تىياتىرىغا يېقىنلاشتى. بىردىنبىر نەرسە، يەنى ناخشىلىرى يەنىلا يەرلىك شىۋىدە ئېيتىلىۋەردى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ ناخشا تېكىستلىرى يەرلىك تۇرمۇش پۇرىقى بىلەن ئىنتايىن تويۇنغان. جىڭجۈي تىياتىرىنىڭ تېكىستلىرى ئۇنىڭ ئەكسىچە تولىمۇ سىلىق، ئاللىبۇرۇن قېلىپلىشىپ بولغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىڭجۈي تىياتىرىدىكى تىكىستلەردە قەدىمكى خەنزۇ تىلى ياكى بولمىسا يېرىم كونا – يېرىم يېڭى تىل ئىشلىتىلەتتى، تارىخىي تەمسىللەر كۆپ بولاتتى. ھالبۇكى، خەلق ئىچى تىياتىر ئەلنەغمىلىرىدىكى تىل باشتىن – ئاياغ پۇقرالارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشتىكى تىلى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاۋامنىڭ تىلى ئىدى. شۇنداقلا بۇ ئاۋام تىلى يەرلىك تەلەپپۇز بىلەن ئېيتقاندا قاپىيەگە چۈشكەن بىلەن، ئورتاق تىلدا ئېيتقان ھامان قاپىيەسى جايىغا چۈشمەيتتى. مۇنداق تىياتىر ئەلنەغمىلەر ھەقىقەتەن يەرلىك پۇقرالارنىڭ كۆڭىلىنى ئالالايتتى. شۇڭا يەرلىك خەلق بۇ تىياتىر ئەلنەغمىنى «خوتۇن خەقنى باغلاپ قويىدىغان قوزۇق» دەپ تەرىپلەيتتى. ئۇلارنىڭ مۇنداق دېگىنى، ئاياللارنىڭ بۇ نەغمىلەرنى ئاڭلىغاندا خۇددى باغلاپ قويغاندەك مىدىر – سىدىر قىلماي جىم تۇرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتاتتى. دېمىسىمۇ بۇ تىياتىر ۋە ئۇنىڭدىكى ئەلنەغمە ئاياللارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايتتى، چۈنكى ئۇنىڭدا ئىپادىلىنىۋاتقىنى ئۇلارغا ئىنتايىن تونۇش بولغان كۈندۈلۈك تۇرمۇش ئىدى. ئۇنىڭدىكى پېرسوناژلارنىڭ ھېسسىياتى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھېسسىياتى ئىدى.

دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ ھېكايىلىرىمىز ئىنتايىن روشەن ھالدىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىمەن دېسە، چوقۇم ئەل ئىچىدىكى مەدەنىيەتتىن ئۆگىنىشى كېرەك. جۈملىدىن ئەل ئىچىدىكى مەن تىلغا ئالغان ھەر خىل سەنئەت شەكىللىرىدىن ئۆگىنىشى كېرەك. مەدداھلىق ۋائىزلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئويۇنكەشلەردىن ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇلار بازاردىكى دەستىنىڭ ئوتتۇرىسىغا شىرەنى قويۇۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى ئۇنداق چىڭقىلىپ يۈرمەيلا مارجاندەك تۆكەلەيدىغانلاردىن. ئۆلچەملىك نۇسخا بار دېگەندىمۇ، ئۇلار ئۇنى ئۆزى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيتتى. ئۇلار ھەتتا شۇ دەقىقىدىكى كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلاشقان ھالدا، سۆزلىگەنلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئادەملەرگە يېڭى گەپلەرنى قىلغۇزالايتتى. چۈنكى مۇشۇنداق سورۇن ۋە ئۇ يەردىكى جامائەتكە روبرو بولغان ھالدا قىلىنىۋاتقان ئىجادىيەت تىلىنىڭ رىتىملىق بولۇشىنى، ئۇنىڭ قۇلاققا خوش ياقىدىغان بولۇشىنى تۈجۈپلەيتتى. دەرۋەقە، كىتابقا يېزىلغان بىر تالاي نەرسىلەرنىڭ دىكلاماتسىيە قىلغاندا ئۇنداق دولقۇنلۇق، جاراڭلىق چىقمايدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان، ياخشى نەرسىلەرنىڭ دىكلاماتسىيەگە پۈتۈنلەي مۇۋاپىق كېلىشى ناتايىن. لېكىن بەدىئىي پۇرىقى ئانچە يۇقىرى بولمىغان بەزى شېئىرلارنىڭ دىكلاماتسىيەسى شۇنچىكى ھەيۋەتلىك بولىدىغان ئىشلارمۇ بار. رىتىمى ئىنتايىن ئوچۇق بولغاچقىمىكىن، ئاڭلىغان ئادەمنىي يۈرىكىنى ئوينىتىپ، جىم تۇرغۇزمايدۇ. ئالايلۇق، ماياكوۋىسكىنىڭ شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىدىغان بولساق، بولۇپمۇ ئۇنىڭ دىكلاماتسىيە شېئىرلىرى، پەلەمپەي شەكىلدىكى شېئىرلىرى دىكلاماتسىيە قىلىنسا، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلبى زىلزىلىگە كېلىدۇ، تەسىرلىنىدۇ. لېكىن، بۇتلىرنىڭ، باندنىڭ شېئىرلىرى دىكلاماتسىيە قىلىنسا ئۇنداق ئۈنۈم پەيدا بولمايدۇ. يەنە ئالايلۇق، «ئوت ئىچىدىكى باتۇرلار» ناملىق ھېكايىنى ئەل ئىچىدىكى مەدداھ – ۋائىزلار، ئەلنەغمىچىلەر قىسسە قىلىپ سۆزلىسە بولىدۇ. لېكىن، بەزى ھېكايىلاردا مۇنداق ئىقتىدار ھازىرلانمىغان بولىدۇ.

مەن «سەندەل جازاسى» دا ئەمەلىيەتتە ئاغزاكى مەدداھلىق ئۇسلۇبىغا كۆڭۈل بۆلدۈم. ئۇنىڭ بازار دەستىلىرىدە جامائەتكە دىكلاماتسىيە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلدىم. شۇ ۋەجىدىن، بىر تالاي قاپىيەلىك جۈملىلەرنى ئۇقۇپ چىقتىم. تىياتىرلاردا بولىدىغان قاپىيەلىك تېكىستلارنى ئىشلەتتىم شۇنداقلا، ئۇنىڭدىكى پېرسوناژلارنىمۇ. تىياتىر – ئەلنەغمىلەردىكى پېرسوناژلارنىڭ سىياقىدا ئورۇنلاشتۇردۇم. تىياتىر – ئەلنەغمىلەردىكى پېرسوناژلارنىڭ پەردازلانغان پېرسوناژلار ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم، بولۇپمۇ جىڭجۈي تىياتىرلىرىدا پېرسوناژلارنىڭ پەردازلىنىشى ئىنتايىن ئېنىق. ئالايلۇق، قارا يۈزلەر، ئالاچىرايلار، قاقۋاشلار، چوكانلار، دېدەكلەر، ئوغۇل بالىلار، چامباشچى قىزلار، ھەزىلكەشلەرنىڭ ئالىدىغان رولى ناھايىتى ئوچۇق پەرق قىلىدۇ. بىز ھېكايە ئىجادىيىتىدە پېرسوناژلارنىڭ پەردازلىنىشىدىن بەك ھەزەر ئەيلەيدىغان بولساقمۇ، لېكىن مەن «سەندەل جازاسى» نى يېزىۋاتقاندا، پېرسوناژلارنى قەستەن پەردازلىدىم. ئۇنىڭدىكى ھەربىر پېرسوناژنى تىياتىردىكىلەردىن پەرق قىلمايدىغان ھالغا كەلتۈردۈم. مۇنداق ھېكايىنىڭ نەشر قىلىنغان ھامان ياخشى- يامان گەپلەر بىلەن كۆمۈلۈپ كېتىدىغان ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىپ تۇردۇم. بەزىلەر قالتىس يېزىلىپتۇ – دېدى. بەزىلەر رەسۋالىقتا ئۇچىغا چىقىپتۇ دېدى. لېكىن، ئەل ئىچىدىكى تىياتىر – ئەلنەغمىلەر بىلەن بىرلەشتۈرىمەن دېگەندىكىن، مۇقەررەر يوسۇندا تىلنىڭ پاكلىقىنى بۇزۇش ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىش كېرەك ئىدى.

نەچچە ئون يىل مابەينىدىكى تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى، بىزنىڭ نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ھېكايە تىلى پەۋقۇلئاددە چىرايلىق ۋە نازۇك بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلىدى. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ۋە پۇقرالارنىڭ تىلىدىكى جانلىق، مەردانە، ساددا نەرسىلەر كۈنسايىن غايىپ بولۇشقا يۈزلەندى. مەن «سەندەل جازاسى» دا مۇشۇنداق چىرايلىق، نازۇك تىل بىلەن غەرەزلىك ھالدا قارشىلىشىپ باقماقچى بولدۇم. شۇلارغا كۆرە، پۇقرالارنىڭ تىلىنى، جانلىق تىلىنى، ساددا تىلىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدۇم.

ھەممەيلەنگە مەلۇم، قاپىيەلەشتۈرۈش تۈپەيلى، تىياتىرلاردا ھەممە يەردە دەستەك قىلىپ كۆتۈرۈپلا يۈرىدىغان، پەقەت قويۇپ بەرمەيدىغان بىرمۇنچە سۆزلەر بولىدۇ. ئالايلۇق: «ئاتتىن چۈشسەم يەرگە ئېغىناپ» دېگەن جۈملىدىكى «ئېغىناپ» دېگەن سۆز قانداق چاغدا ئىشلىتىلىدۇ؟ بۇ تىياتىر تىكستلىرىدە دائىم ئۇچرايدىغان سۆز، ئۇ ئاتتىن يېقىلىپ چۈشتۈم دېگەن مەنىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ. مەنمۇ ئاشۇنداق قاپىيەنى كۆزدە تۇتۇپ، چۈشەنگىلى بولىدىغان بىلەن چۈشەنگىلى بولمايدىغاننىڭ ئارىسىدىكى بىرمۇنچە مىسرانى قەستەن ياسىدىم. ھەتتا ئوخشاش مەنىدىكى خەتلەرنى تالاي قېتىم تەكرارلىدىم. مۇنداق تەكرارلاشنىڭ ھەممىسىنى كېسەل جۈملە دېگىلىمۇ بولماس. خەنزۇ تىلىدىكى ئىستىلىستىكىدا ئوخشاش مەنىدىكى خەتلەرنى تەكرارلاشمۇ بىرخىل ئىستىلىستىكىلىق ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، پۇقرالارنىڭ تىلىدا خۇپسەنلىك بىلەن دېيىلىدىغان گەپ – سۆز ئىنتايىن كۆپ. بىز يېزا – كەنتلەرگە بارغاندا، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئۇلارنىڭ تىلىدىن بىلىنىپ تۇرغان يۇمۇرلۇق نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قەستەن ھالدا خۇپسەنلىك بىلەن ياسالغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇلار بەزىدە ھەتتا دائىم ئىشلىتىدىغان بەزى ئىسىملارنى قەستەن ھالدا چالا ئىشلىتىدۇ. ئالايلۇق، سىزنى كۆرۈپ «يىغلاپ تاشلىدىم» دېگەن سۆزدە، ئۇلار «يىغلاپ تاشلىدىم» نىڭ ئورنىغا «يېشىم تورۇكلاپ چۈشتى» نى ئىشلىتىدۇ. «قورقۇپ يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى» دېگەننىڭ ئورنىغا «چۆچۈپ كەتتىم» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ. مۇشۇ تەرىزدىكى كۆپتىن- كۆپ چالا سۈپەتلەش سۆزلىرى ئادەمگە تولىمۇ تاتلىق تۇيۇلىدۇ. بەزىدە ئۇلار ئىسمىنىمۇ بۇزۇپ ئىشلىتىدۇ. بىرەرسىنىڭ ئايالى ئەر كىشى بىلەن سوقۇشۇپ قالغان بولسا، «باش كۆزى يېرىلىپتۇ» دېگەننىڭ ئورنىغا «قۇلاق – بۇرنى تېگىپ كېتىپتۇ» دەيدۇ. شۇجىلارنىڭ ئەمەلگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى «تارىشا پۈتۈكلەرگە يېزىپ قويۇپ ھېساب ئالغۇدەك دەرىجىدە شانلىق سىياسىي نەتىجىلەرنى ياراتتى» دەپ تەرىپلەيدۇ… مەن «سەندەل جازاسى» دا مۇشۇنداق ئىستىلىستىكىلىق ئۇسۇلدىن پايدىلاندىم. پۇقرالارنىڭ تىلى بىلەن تونۇشلۇق كىشىلەر بىر قاراپلا بۇنىڭ دېھقانلارچە يۇمۇرلۇق گەپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. لېكىن زىيالىيلار بۇ يازغۇچى «تارىشا پۈتۈككە پۈتۈپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسىنى بىلمەيدىكەن دېمەي قالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە مەن ئوبدان بىلىمەن، ھېكايىدىكى پېرسوناژلارمۇ ئوبدان بىلىدۇ، يېزا كەنتلەردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. بۇ يەردىكى گەپ، تىلنى ھېكايىدىكى كۇنتىكىستتىن ئايرىلىپ، ھېكايىدىكى پېرسوناژنىڭ كىملىكىدىن ئايرىلىپ تۇرۇپ يەككە ھالەتتە تەھلىل قىلىش ئىلمىيلىق بولمايدۇ. يازغۇچى نېمە ئۈچۈن پېرسوناژلارغا مۇشۇنداق تىل بەردى دېگەن مەسىلىنى چوقۇم ھېكايىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىدىكى كونتىكىست بىلەن ۋە پېرسوناژلارنىڭ كىملىكى بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

«سەندەل جازاسى» ناھايىتى كۆپ چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى تازا دېگەندەك بولمىدى. بۇ كىتابنى جۇڭگولۇق ئەدىبىي تەنقىچىلەر تۈزۈك چۈشەنمىگەن ئەھۋالدا، غەربنىڭ تەرجىمانلىرىنىڭمۇ چىشى ئۆتمەي، خوپ قىينالدى. مۆلچەرىمچە، بۇنىڭغا يۇقىرىدىكى ئىشلار سەۋەب بولدى بولغاي. مەندىن ئېرىنمەي سوئال سوراپ تۇرغان تەرجىمانلارغا خېلى ئىشەنچ قىلغان بولساممۇ، بەزى تەرجىمانلار مەندىن بىرەر ئېغىز گەپمۇ سوراپ قويمىدى. بۇ كىتابنى جۇڭگولۇق ئوقۇرمەنلەرمۇ خاتا ئوقۇۋاتقان يەردە، گېرمانىيەلىك ياكى كورىيەلىك ئوقۇرمەنلەر قانداق چۈشىنەر؟ شۇڭا دەيمەنكى، ياخشى بىر ھېكايە ياكى ئالاھىدىلىكى بار ھېكايە تەرجىمە جەريانىدا ناھايىتى زور پىشكەللىككە دۇچ كېلىدۇ، تەرجىمان بەلكى ھېكايىنىڭ دەل مەنىسىنىمۇ تەرجىمە قىلالماسلىقى مۇمكىن. ئۇنداق ئەھۋالدا گەپنىڭ تېگىدىكى گەپنى تەرجىمە قىلىشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئاخىرىغا بېرىپ، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ نازۇك يەرلىرى چۈشۈپ قالىدۇ. بىزنىڭ تىلىمىزنى ھەددىدىن زىيادە مول دېگەندە، بۇ موللۇق كۆپتىن كۆپ يوشۇرۇن گەپ – سۆزلەرنى ۋە گەپنىڭ تېگىدىكى گەپنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇنداق نەرسىلەرگە دەل جايىغا چۈشىدىغان چۈشەندۈرۈشنى تاپماق ئىنتايىن تەس. ئاۋۋال تەسىرلىنىشىڭ، ئاندىن كۈلۈپ كەتكەن بولۇشۇڭ كېرەك. لېكىن يازغۇچىنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى توغرا تەرجىمە قىلىپ بېرىش ئۇنداق ئوڭايغا توختىمايدۇ.

«سەندەل جازاسى» نى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، «قىرىق بىر زەمبىرەك» ناملىك روماننى يازدىم. بۇمۇ ئەمەلىيەتتە سىمۋوللاشتۇرۇلغان ھېكايە ئىدى. ئۇنىڭدا مەن ئالجىپ قالغاندەك گۆش يەيدىغان بىر بالىنى ياراتتىم. بۇمۇ مېنىڭ بالىلىق نەزىرىمدىكى تۇرمۇشقا نىسبەتەن قىلىنغان ئومۇمىي خۇلاسە ئىدى. بەزىلەر مېنىڭ بالىلىق نەزەر بىلەن يازغان ھېكايىلىرىمنى چوڭلارنىڭ نەزىرىدە يازغانلىرىمغا قارىغاندا ياخشى دەپ باھا بەردى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل پەرىزىگە قوشۇلىمەن. مۇشۇ تۈپەيلى، مەن بالىلىق نەزىرىمنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ، ئۇنى «قىرىق بىر زەمبىرەك» تە ساراڭلارچە ئىشلىتىپ باقتىم. تەييارلىقىم پۈتكەندىن كېيىن، قايتا ئۇنداق قىلىۋېرىشكە رايىم بارمىدى.

ئادەمنىڭ تەقدىرىدىكى ئۆتنە جاھان جەمئىيەتتىكى ئۆتنە جاھان بىلەن ئوخشاش

كېيىنچە مەن «ھايات – ماماتلىق چارچاش» ناملىق روماننى يازدىم. ئۇنىڭدا بۇددا دىنىدىكى ئالتە قېتىملىق سانسارا (ھاياتلىقنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇشى) ئارقىلىق، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بىر ئادەمنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ ئېشەككە، كالىغا، چوشقىغا، ئىتقا، مايمۇنغا، ئاخىرىدا يەنە ئادەمگە ئايلانغان قايتىلانما تۇرمۇشنى سۆزلىدىم. جۇڭگودىكى ئەللىك يىلدىن بېرى غايەت زور ئۆزگىرىشنى ئوخشىمىغان ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئارقىلىق كۆزىتىپ باقتىم.

روماندا غەلىتىرەك بىر پېرسوناژنىڭ ئوبرازىنى ياراتتىم. ياشىنىپ قالغان كىشىلەر 80- يىللاردىن بۇرۇن جۇڭگودا خەلق گۇڭشېسى دەيدىغان ئىقتىسادىي تەشكىلنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ. بىزمۇ 50- يىللاردىن باشلانغان كوپىراتسىيەلىشىش ھەرىكىتىنىڭ ئىزچىل يوسۇندا خەلق گۇڭشېسىگە قەدەر تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ جۇڭگودىكى بىر قېتىملىق غايەت زور ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. تارىخنىڭ ئېقىمى شۇنداق شىددەت بىلەن ئۆركەشلەپ ئاققانكى، بۇ ھەرىكەت بىلەن قارشىلىشىشقا ھېچكىم پېتىنغان ئەمەس. لېكىن، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە مېنىڭ مەھەللەمدىكى كۆك يۈز لەقەملىك بىر دېھقان پۈتۈنسۈرۈك گۇڭشې بىلەن قارشىلىشىشقا جۈرئەت قىلغان، ھەممە ئادەم خەلق گۇڭشېسىگە كىرگەندە پەقەت ئاشۇ ئادەملا كىرمىگەنىدى.

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، مۇشۇ يەككە دېھقاننىڭ ئاقساق ئېشەك قوشۇلغان ھارۋىنى ھەيدەپ، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىنى كۆرەتتىم. ياغاچ ھارۋا قۇلاققا خۇشياقمايدىغان سەت ئاۋازدا غىچىرلايتتى. ئۇنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى ناھايىتى يىراق يەردىنلا ئاڭلىناتتى، بۇ ئاۋاز ئۇ خېلى ئۇزاققا كەتكەندىن كېيىنمۇ قۇلىقىمىزنىڭ چۆرىسىدە ئايلىنىپ تۇرغان بولاتتى. بۇ ئادەم مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. ھەممەيلەن ئۇ چاغدا ئۇنى ئەيۋەشكە كەلمەيدىغان جاھىل قېرى دەيتتى. ئۇنى كۈرەشكە تارتقانلار ئۇنى ھاجەتخانىدىكى تاشتەك ھەم قاتتىق، ھەم سېسىق ئەبلەخ، تارىخنىڭ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلغان، ھارۋىنى توسماقچى بولغان ياچىبەگ دەپ تەنقىدلەيتتى. لېكىن ئۇ بىر گەپتىن يانمايتتى. يەنى يەرنى ماڭا گۇڭچەنداڭ بەرگەن، گۇڭچەنداڭ ئېلان قىلغان خەلق گۇڭشېسىنىڭ نىزامنامىسىدىمۇ ئۇنىڭغا كىرىش ئىختىيارى بولىدۇ، چېكىنىپ چىقسىمۇ ھەربىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى دەپ ئېنىق سۆزلەنگەن، بۇنىڭغىمۇ ماۋجۇشى قول قويغان دەپ چىڭ تۇراتتى. مۇشۇ تۈپەيلى ئۇ ھەرقانداق ھەيۋە، ئالداشلار ئالدىدا تەۋرەنمىگەن ئىدى. بۇ ئەھۋال شۇ چاغدىكى ئەمەلدرلارنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان ئىدى. ئويلاپ باقمامدىغان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زېمىنى بىر تۇتاش قىزىللاشقان تۇرسا، پەقەت بىرلا ئادەم يەككە ئىگىلىكتىن ۋاز كەچسە، خەلق گۇڭشېسىدەك پايانسىزلىق ئىچىدە، بىر يەككە دېقاننىڭ ئېتىزى قىسىلىپ تۇرىۋالسا، بۇ قانداق بولغىنى؟ جامائەت بۇ قارا چېكىتنى بىر ئامال قىلىپ كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ باققان، ئۇنى سەپەرۋەر قىلغان، ئۇنى قورقۇتقان ئىدى. ئاخىرىغا بېرىپ، ئايالى، ئوغلى، قىزى ئۇنىڭ بىلەن ئادا – جۇدا بولۇپ، خەلق گۇڭشېسىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئۇ ئاخىرىغىچە بويۇن ئەگمىگەنىدى. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە، قىزىل قوغدىغۇچىلار ئۇنى ئاياپ ئولتۇرمىدى، ئېسىپ قويۇپ ئۇردى، تەن جازاسى بېرىپ قىينىدى، ئاخىرىدا ئۇ بۇ قىيناشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئېسىلىپ ئۆلىۋالدى.

مۇشۇنداق بىر ئادەم ئۇزۇن يىللارغىچە مېنىڭ خىيالىمدىن چىقمىدى. مەنمۇ بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى ئۇنى ئۆزۈمنىڭ ھېكايىلىرىغا كىرگۈزىمەن، ئۇنى ھېكايىدىكى مۇئەييەن بىر پېرسوناژغا ئايلاندۇرىمەن دەپ يۈردۈم، لېكىن ئۇزاق ۋاقىتقىچە بۇ ئادەمنىڭ قىممىتىنى ئاڭقىرالمىدىم. كېيىنكى كۈنلەردە، مۇشۇنداق غەلىتە ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي بىلىپ يەتتىم. 80- يىللارغا كەلگەندە، خەلق گۇڭشېسى پارچىلاندى. يەر دېھقانلارغا يېڭىباشتىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. مەھەللىمىزدىكىلەر شۇ چاغدىلا ئۇنى ئېسىگە ئېلىپ، ئىختىيارسىز ھالدا كۆز يېشى قىلدى. بىز نەچچە ئون يىل ئۆزىمىزنى ئاۋارە قىلىپ، ئەمدىلىكتە يەنىلا يەككە ئىشلەشكە قايتىپتۇق، يەنىلا شۇ كۆك يۈز بولىدىغان ئادەم ئىكەن دېيىشتى. بۇ كۆك يۈز ئەگەر ھايات بولغان بولسا، چوقۇم قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتكەن، سىلەرگە يېڭىدىن يەر تەقسىملەپ بېرىپتۇ، ماڭا بەرمىسىمۇ بولىدۇ، مەن ئىزچىل ھالدا يېرىم بار ئادەم، دېگەن بولاتتى.

ئادەمنىڭ تەقدىرىدىكى بۇخىل دەۋرىيلىك بىلەن قايتىلىنىش ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشتىكى قايتىلىنىش بىلەن ئوخشاش. «ھايات – ماماتلىق چارچاش» تىكى ۋەقە 1950- يىلدىن باشلاندى. يېزىپ ئاخىرىغا كەلگەندە، مېنىڭ بايانلىرىمدا مۇشۇنداق بىر قايتىلىنىش بارلىققا كەلدى. گېگىل: «جەمئىيەت بۇرما مىختەك ئۆرلەيدۇ» دېگەن. ماركسىزمنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ئاساسى نەزەرىيەسىدىمۇ: «ئىنسانلار جەمئىيىتى ئۈزۈكسىز ئايلىنىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا بۇرما مىخ شەكلىدە ئۆرلەيدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. لېكىن، ھەر قېتىملىق ئايلىنىش ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ ئەسلىدىكى نۇقتىغا قايتىپ كېلىش ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ يوقىرى بىر قاتلامغا يېتىش بىلەن تاماملىنىدۇ.

80- يىللاردىكى ئىسلاھات قارىماققا يەرنى يەنە بىر قېتىم دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەندەك قىلىدۇ. لېكىن بۇ نۆۋەتتىكى يەر تەقسىم قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى 1949- يىلىدىكىسىگە ئوخشىمايدۇ. شەكىل جەھەتتە ئوخشاشتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن جەزىم قىلىشقا بولىدۇكى ئەھمىيىتى ئوخشاش ئەمەس. بۇ ھېكايىدا مەن دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى مەركەزلىك ھالدا ئويلاپ باقتىم. بۇمۇ جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىنىڭ بىرى ئىدى. پارتىيەمىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20- يىللىرى ئېلىپ بارغان يېڭى دېموكراتىزملىق ئىنقىلابمۇ ئەمەلىيەتتە يەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى كۆزدە تۇتقانىدى. تارىختىكى ئايىغى ئۈزۈلمەي ئالمىشىپ تۇرغان سۇلالىلارمۇ يەر تۈپەيلى ئالماشقانىدى. مېنىڭچە 80- يىللاردىكى ھەربىر دېھقاننىڭ يەرگە بولغان مۇھەببىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، ئەمدىلىكتە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگەشكەن ھالدا، يەردىن زېرىكىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ياشلار بىر – بىرلەپ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، شەھەرلەرگە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. يەر تېرىشقا قالغانلىرى پەقەت قېرى، ئاجىز، كېسەل، مەجرۇھلاردىنلا ئىبارەت، خېلى كۆپ يەر چۆلدەرەپ قالدى. مۇشۇندق ئەھۋالدا، يېزا ئىگىلىكىنڭ پەسكويغا چۈشۈپ قېلىشى دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنە بىر مەرتىۋە تەڭشەش لازىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا، مېنىڭ ھېكايەمدىكى پېرسوناژ كۆك يۈز يەرلا ئىلكىمدە بولىدىكەن، مەن ھەقىقىي خوجايىن دەيدۇ. مەن بۇخىل ئىدىيەنىڭ قالاق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، مەن ھېكايەمدە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىش دەيدىغان ئىدىيەنى جان – جەھلىم بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتىم. بۇمۇ كۆز ئالدىمدىكى رېئال جەمئىيەت تۈپەيلى بارلىققا كەلگەن ئەندىشە. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇشۇ يىگىرمە يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ شەھەرلىرى تەلۋىلەرچە كېڭەيدى، بېيجىڭدىن تارتىپ شاڭخەيگىچە ئارىلىقتىكى ھەربىر ناھىيە، ھەتتا ھەربىر بازار خۇدىنى يوقاتقان ھالدا كېڭەيگىلى تۇردى. نەگىلا قارىساڭ شۇنداق كەڭ يول، ئېگىز بىنا، يەرنىڭ پوستىنى سېمونت قاپلاپ بولدى. ھالبۇكى دېھقانلارنىڭ يېرى قولدىن كەتتى. نەتىجىدە ھەدېسىلا ئاشلىق ئىمپورت قىلىنىدىغان ئىش كېلىپ چىقتى. مۇشۇنداق كېتىۋېرىشنىڭ ئۆزى ئادەمنى ئەنسىزچىلىككە سالىدىغان ئىش ئىدى.

2000- يىلى مەلۇم بىر گېزىت مېنى زىيارەت قىلغاندا، يېڭى مىڭ يىلدا ئەڭ غەم قىلىدىغان ئىشىڭىز نېمە؟ دەپ سورىدى. مەن ئاشلىقنىڭ يوقلىقىدىن غەم قىلىمەن، دېدىم. مەن 60- يىللاردىكى ئاچارچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن بولغاچقا، ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىنىڭ ئالتۇن ئەمەس، ئالماس ئەمەس، ئۆيمۇ ئەمەس، بەلكى ئاشلىق ئىكەنلىكىنى ھەممىدىن بەك بىلەتتىم. سەن پەقەت يەيدىغان ئاشلىق قالمىغاندىلا، باشقا ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقىنى بىلىسەن. مەن ئۇلارغا بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدىكى بىر يەر ئىگىسى بىلەن يىللىقچىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ كەلكۈن كەلگەندە، يەر ئىگىسىنىڭ بىر خالتا ئالتۇننى يۈدۈپ، يىللىقچىنىڭ بىرخالتا ناننى يۈدۈپ قېچىپ ماڭغانلىقىنى، ئىككىيلەن ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ قېشىغا كەلگەندە، يەر ئىگىسىنىڭ ئالتۇنغا نان تېگىشمەكچى بولغانلىقىنى، دېھقاننىڭ ئۇنىمىغانلىقىنى، ئاخىرىدا يەر ئىگىسىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكىنى، دېھقاننىڭ بەرداشلىق بېرەلىگەنلىكىنى، ئاخىرىدا ئۇنىڭ ھېلىقى ئالتۇنىنىمۇ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى دەپ بەرگەنىدىم.

ئاشلىقنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكى كۆپتىن – كۆپ ھېكايىلاردا تەكرار ئىپادىلەنگەن باش تېما. مەن ئىزچىل يوسۇندا ئاشلىقنى ئىنتايىن خاسىيەتلىك نەرسە دەپ قارايمەن. جىق بولۇپ كەتكەندە قويىدىغان يەر تاپالمايسەن، يوق چاغدا سەنمۇ چېكەتكىگە ئوىشاش بىر دەمدىلا پاك – پاكىز غايىپ بولۇسەن. خەلق گۇڭشېسى مەزگىلىدە، ئەتىدىن كەچكىچە ئېتىزدا ئەمگەك قىلساقمۇ، يەردىن ئاشلىق چىقمايتتى. شۇڭا مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېگىلى ئاش بولمىسا، جەمئىيەتنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىدىن غەم قىلىمەن. ھازىرقى دېھقانلار 60 يىللاردىكى دېھقانلاردىن ئەمەس، ئۇ چاغدا گۇڭچەنداڭنىڭ ئىناۋىتى غايەت زور ئىدى. دېھقانلار يەيدىغان ئاشلىقنىڭ بولمىغانلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تەبىئىي ئاپەتنىڭ كاساپىتىدىن بولدى دېگەنگە ئىشىنەتتى. ئەمدىكى دېھقانلار ئۇنداق نادان ئەمەس، ناۋادا ئاشلىق بولماي قالسا، ھەممە ئىش بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.

80- يىللاردا بىر جىڭ بۇغداي بەش مو ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇغداي توققۇز موغا چىقتى (بىر يۈەندىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك ـــ تەھرىر). نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مائاش يۈز ھەسسە كۆپەيدى (بەزى جايلاردا ئون نەچچە ھەسسە ياكى نەچچە ئون ھەسسە – تەھرىر). باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىمۇ نەچچە ئون ھەسسە، نەچچە يۈز ھەسسە ئۆرلىدى. لېكىن ئاشلىق باھاسىنىڭ پەقەت نەچچە ھەسسە ياكى ئون نەچچە ھەسسىلا ئۆرلىگەنلىكى قايچىسىمان پەرقنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىنى ئەمەس، بەلكى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇ مەسىلە بىرەر يازغۇچىنىڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشى ئەمەس. لېكىن ئۇنى ئەدەبىيات شەكلى بىلەن ئىپادىلەپ بەرسە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەدەبىياتنىڭ ئىپادىلەش شەكلى ئاشلىقنىڭ باھاسىنى بىۋاسىتە يېزىش ئەمەس، يەنىلا ئادەملەرنى يېزىش كېرەك.

يازغۇچىلار جەمئىيەتتىكى بەزى سەزگۈر، ئۆتكۈر، مۇرەككەپ

مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى لازىم

«پاقا» غا كەلسەك، بۇ رومان ئىنتايىن بىر نازۇك مەسىلە بىلەن، يەنى پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسى بىلەن چېتىشلىق رومان، ئۇ جۇڭگوغا ئوتتۇز يىل تەسىر كۆرسەتكەن غايەت زور مەسىلە ئىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 1980- يىلىنىڭ بېشىدا بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىغا بىر پارچە ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇلارنى يالغۇز پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىشقا چاقىرغان، ھەمدە ئەگەر بۇ سىياسەت 30 يىل داۋاملاشسا، جۇڭگونىڭ نوپۇس مەسىلىسى ھەل بولىدۇ دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بۇنىڭغا دەل 30 يىل بولغان مۇشۇ يىلدا، كۆپتىن كۆپ جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ، نوپۇسشۇناسلارنىڭ توردىكى بەس – مۇنازىرىسىنى كۆردۈم، قارىماققا پارتلاپ كېتىدىغان ئەھۋال باردەك ئىدى. بۇ يىل يەنە قايسىدۇر بىر سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پرۇفىسورنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىككى پەرزەنتلىك بولغانلىقى، ئىجتىمائىي بېقىش پۇلى تاپشۇرۇشقا ئۇنىمىغانلىقى، نەتىجىدە خىزمەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. تورغا قارىسام ئۇنى قوللايدىغانلار خېلى جىقتەك قىلدى.

«پاقا» نىڭ دېمەكچى بولغىنى دەل مۇشۇ مەسىلە ئىدى. غەربلىكلەر كۆپ يىللار مابەينىدە پىلانلىق تۇغۇتنى ئىزچىل رەۋىشتە جۇڭگونى تەنقىد قىلىدىغان مۇھىم دەستەك قىلدى. ئۇلار جۇڭگونى ئىنسانپەرۋەر ئەمەس، ئاياللارنى ھامىلىنى چۈشۈرىۋېتىشكە مەجبۇرلىدى، ئادەمنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلدى دېدى. دەرۋەقە، مەن بۇ روماندا ئادەملەرنى يازدىم، مەلۇم بىر يېزىدىكى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرىنى يازدىم. روماندىكى «ھاممام« مۇ ئەسلىدە بار بىرەيلەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ھاممام ئاياللار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىدى – ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن باشلاپ مۇشۇ خىزمەتنى ئىشلىگەن، مول تەجرىبىگە ئىگە ئايال ئىدى. 2000- يىلى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ، ناھايىتى كۆپ ئايال ئۇنى ئىزدەپ كېلىدىغان، ئۇ ھامىلىدار بولماسلىق كېسىلىنى داۋالاپ يۈرگەن، بالىلارنى داۋالاش جەھەتتىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان يەردە ئىدى. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ قولىدا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئون مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى دەپ بەرگەنىدى. بۇ يەردىكى سەۋەب، يېزىلاردا دوختۇرلار ئاز ئىدى، مەھەللە كويدىكىلەر ئۇنى تۇغۇت ئانىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلاتتى. ئۇمۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان نۇرغۇن ئاياللارنى تۇغدۇرغان، ئۇنىڭ قولىدا نابۇت بولغان بالىلارمۇ نەچچە مىڭغا يەتكەنىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئازابلانغانلىقىنى، دەككە – دۈككىدە بولغانلىقىنى دەپ بەرمىگەنىدى. لېكىن مەن رومان يازىدىغان بولغاندىكىن، مەسىلىنى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىشىم لازىم ئىدى. ناۋادا مەن ئۆزۈممۇ ئاياللار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بولغان بولسام، ئون مىڭ بوۋاقنى ئۆز قولۇم بىلەن ئەي قىلغان، شۇنداقلا نەچچە مىڭ بوۋاقنى ئۆز قولۇم بىلەن نابۇت قىلغان بولسام، بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان چاغدىكى ھېسسىياتىم ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن دېگەندەك بولاتتى. بىر بوۋاقنى ئىنسانلار دۇنياسىغا كۆز ئاچقۇزسام، ئۇنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىسام، ئانىنىڭ يۈزىدىكى كۈلكىنى كۆرسەم، گۈلقەقەلىرىم ئېچىلىپ كەتكەن بولاتتى. مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىم مۇقەددەس، سەلتەنەتلىك خىزمەت ھېسابلىناتتى. ئەگەر مەن زار – زار يىغلاۋاتقان ھامىلىدار ئايالنى ئوپېراتسىيە ئۈستىلىگە ياتقۇزۇپ، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى ئېلىۋەتسەم، بۇ چاغدىكى ھېسسىياتىم تۇغۇت ئانىسى بولغان چاغدىكى ھېسسىياتىم بىلەن ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمايتتى. ھاممامنىڭ ياشانغان چاغلىرىدا ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئۆمرىنى ئويلاپ باققان-باقمىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ھاياتىغا باھا بېرىپ باققانلىقىغا كەلسەك، ئۇنىڭ بىر تالاي زىددىيەتلىك خىيالدا بولىدىغانلىقى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى. شۇڭا مەن ھاممامنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەينەن ھالىتىنى روماندىكى پېرسوناژغا ئۆزگەرتىپ، مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى يازغان بولدۇم، مۇنداق بىر ئەسەردە پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت مۇنداق مەسىلىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى.

ھەممىمىزگە مەلۇم، سەھنە ئەسەرلىرىنى يازىدىغان چاغدا، بېشىدىن باشلاپلا كەسكىن روماننىڭ توقۇنۇشىنى ئورۇنلاشتۇرىمىز. پېرسوناژلارنى ئۆتكۈر زىددىيەتنىڭ قاينىمىغا تاشلىغاندىلا، ئالتۇننى ئوتقا كۆيدۈرۈپ تاۋلىغاندىلا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، كەسكىن زىددىيەت ئىچىدىلا پېرسوناژنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى تەلتۆكۈس ئاشكارا بولغان، زىددىيەت قانچىكى كەسكىن بولغان يەردە، پېرسوناژدىكى خاسلىق شۇنچە تولۇق ئىپادىلەنگەن بولاتتى. ئەگەر يېزىلاردىكى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرىنىڭ خاسلىقىنى يېزىشقا، ئۇنى تىپ قىلىپ يارىتىشقا توغرا كەلسە، پىلانلىق تۇغۇت دەيدىغان بۇ ئەمەلىيەتنى ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايتتى، ئۇنى جان – جەھلىمىز بىلەن يېزىش كېرەك ئىدى. مەن جۇڭگو بىلەن غەربتىكى مېدىيا ۋاسىتىلىرى تىلغا ئالغان ئاتالمىش مەسىلىلەرگە مۇشۇنداق يول بىلەن جاۋاب بەرمەكچى بولدۇم. مۇشۇنداق بىر سەزگۈر مەسىلىنى يېزىشقا قانداق پېتىندىڭ دېگەن سوئالغا، مەن تىگىش قىلمىدىم، پېرسوناژلارنىڭ ئۆزى تىگىش قىلدى دەپ جاۋاب بەردى. مۇشۇنداق بىر ئادەمنى يازغانىكەنمەن، چوقۇم ئۇنىڭ ھەممە نېمىسىنى يېزىشىم كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەرگىزمۇ باشقىلار كۆرسە سەت تۇرىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. چۈنكى جۇڭگونىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە تۇتىدىغان پوزىتسىيە ئوخشاش بولمىغاچقا، چىقىرىلىدىغان خۇلاسىمۇ ئوخشاش بولمايتتى. يېزا كەنتتىكى بىر ئايالنىڭ نەزىرى بىلەن قارىساق، بىر خىل خۇلاسە؛ پىلانلىق تۇغۇتقا مەسئۇل ئەمەلدارنىڭ نەزىرى بىلەن قارىساق يەنە بىر خىل خۇلاسە چىقاتتى. شەھەرلىكلەرنىڭ نەزىرى بىلەن قارىساق بىر خىل خۇلاسە، سەھرالىقلارنىڭ نەزىرى بىلەن قارىساق يەنە بىر خىل خۇلاسە چىققاتتى. كىملىك ئوخشاش بولمىغاچقا، ئوخشاش بىر مەسىلە ھەققىدىكى پەرەز بىلەن خۇلاسىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇڭا مەن جۇڭگودىكى پىلانلىق تۇغۇت جۇڭگودىكى مىڭلىغان، مىليونلىغان ئائىلىگە تەسىر كۆرسەتتى، داۋاملاشقىنىغا 30 يىل بولغان، شۇنداقلا ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان بۇ سىياسەتنىڭ تارىخقا ۋە بۈگۈنگە قانداق تەسىر پەيدا قىلغانلىقى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە يەنە قانداق تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىر دەل بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ دەپ ئويلىدىم. دېمىسىمۇ، سىياسەت داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن بارلىققا كەلگەن تەسىر ۋە ئاقىۋەت ئۆزىنى كۆرسىتىشنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى تەلتۆكۈس كۆرسىتىپ بولۇشتىن يىراق، ئېھتىمال يەنە 30 يىل ياكى 20 يىلدىن كېيىن، بۇ سىياسەتنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. ئۇنىڭغا شۇ چاغدا قاراپ باقساق، تېخىمۇ دەل خۇلاسە چىقىرالايدىغان بولىمىز.

يازغۇچى دېگەن جەمئىيەتتىكى سەزگۈر، ئۆتكۈر، مۇرەككەپ مەسىلىدىن ئۆزىنى تارتماسلىقى، ئۇنىڭ بىلەن روبىرو بولۇشى لازىم. لېكىن بىز بۇ مەسىلىلەرنى ھېكايە قىلىپ يازغاندا پېرسوناژلارنى مەسىلە دۆۋىسى ئىچىگە غەرق قىلىۋەتمەسلىك لازىملىقىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك. مەسىلە ئادەمگە قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. پېرسوناژلار شۇ مەسىلىنىڭ سۈيىدە ئۈزىدۇ. دەريانى يېزىپ، ئۇنىڭدا ئۈزىدىغان ئادەمنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. بىز سۇغا ئەمەس، دەريادا غۇلاچلاپ ئۈزىۋاتقان ئادەمگە كۆزىمىزنى ئۈزمەي قاراپ تۇرۇشىمىز لازىم. شۇنى ئەلۋەتتە يازىمىز، لېكىن بۇ سۇ ئۈزۈدىغان ئادەم بولمىسا، توختام سۇ بولۇپ قالىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، نوقۇل سۇنىلا يازساق، مەناسىز بىر نەرسە بولۇپ چىقىدۇ. ئىشنى يازامدۇق، مەسىلىنى يازامدۇق، بولىۋېرىدۇ، كارايىتى چاغلىق، مۇھىمى مۇشۇ ئىش ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ تۆت پۇتىنى ئۆرە قىلىش كېرەك. ئىشنى يېزىشتىن تۈپ مەقسەت، شۇ ئىشنى پېرسوناژغا خىزمەت قىلىدۇرۇشنى كۆزدە تۇتىدۇ.

مېنىڭچە، مۇشۇنداق تونۇشقا كەلگەندىن كېيىن، ھەرقانداق سەزگۈر مەسىلىنىڭ ھەممىسىگە بىر نەرسە دەپ باقساق بولىدۇ. ئاچقۇچلۇق مەسىلە شۇكى، ئۇنى يېزىۋېلىش ئۈچۈن يازماي، بەلكى پېرسوناژ يارىتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل تەرىقىسىدە تۇتۇپ يېزىش كېرەك، بۇمۇ ھېكايە بىلەن ئەدەبىي ئاخباراتتىن ئىبارەت ئىككى ژانىرنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى. ئەدەبىي ئاخبارات مەسىلىنىڭ ئۆزىگە ئېتىبار بېرىدۇ، ھېكايە ئاپتورىنىڭ مەسىلە بىلەنلا بولۇپ كېتىشى ناتايىن.

قىلىدىغان گەپ يەنە بار ئىدى، لېكىن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بولدى قىلاي. مەن ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى يولۇمنى بىر قۇر دېگەن بولدۇم. بۇ يولنى مۈدۈرۈپ – يىقىلىپ تەستە ماڭدىم، تېخىمۇ ياخشى ماڭغان بولسام، تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يازغان بولسام ئوبدان بولاتتى، خىجىللىق ھېس قىلىمەن. ياخشى يازالمىدىم. ھەر بىرىڭلارنىڭ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

بۇ ماقالە خەنزۇچە «غەربىي دىيار» ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 10- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

]]>
?feed=rss2&p=11469 0
فرانىز كافكا: قەلئە(رومان): بىرىنچى باب ?p=10262 ?p=10262#comments Sun, 29 Jul 2012 16:11:57 +0000 ?p=10262 قەلئە

رومان

ئاپتورى: فرانز كافكا [ئاۋستىرىيە]

تەرجىمە قىلغۇچى : ھەزرىتى ئەلى بارات

(بۇ رومان «خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى» 1998- يىلى 1- ئاي نەشر قىلغان نۇسخا؛ «چاڭجياڭ ئەدەبىيات- سەنئەت نەشرىياتى» 2006- يىلى 4- ئايدا نەشر قىلغان نۇسخا؛ «جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نەشرىياتى» 2009- يىلى 1- ئايدا نەشر قىلغان نۇسخا ۋە «چەتئەل تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى نەشرىياتى» 2000- يىل 6- ئايدا نەشر قىلغان ئىنگلىزچە نۇسخا قاتارلىق 4 خىل نۇسخىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىندى)


كىرىش سۆز ئورنىدا 

فرانىز كافكا ۋە ئۇنىڭ كاتتا رومانى «قەلئە»

ـ سىرلىق ئوردىسىمان ھېكايە

kafka the castle

كافكا 20- ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك يازغۇچىلارنىڭ بىرى. 1941- يىلى ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى ئودېن: «يازغۇچى ۋە ئۇ ياشىغان دەۋرنىڭ مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كافكانى دانتې، شېكىسپېر ۋە گىيۇتى قاتارلىقلار بىلەن تامامەن بىر قاتارغا قويۇشقا بولىدۇ» دېگەنىدى. ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا ئەدەبىيات دالاسىدا ئۈن- تۈنسىز مېھنەت قىلدى، ئۆزىگە خاس ئىجادىيىتى بىلەن شۇ چاغدىكى ھەر قايسى ئەل ئەدەبىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىپ، 20- ئەسىر ئەدەبىيات تارىخىدا ئۆچمەس سەھىپە قالدۇردى. ئۇ مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ بوۋىسى دەپ ھۆرمەت تەرىپلىنىشكە تامامەن ھەقلىق.

فرانىز كافكا 1883- يىل 3- ئىيۇلدا ئاۋستىرىيە- ۋىنگىرىيە ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى بوخىمىيە (بۈگۈنكى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىگە توغرا كېلىدۇ) نىڭ پايتەختى پراگادا تۇغۇلغان. دادىسى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن سودىگەر بولۇپ، ئاپىسى تولىمۇ غەمىسكىن، خىيالچان ئايال ئىدى. كافكا كىچىكىدە گېرمان تىلى تەربىيىسى ئالغان، 1901- يىلى پراگا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ گېرمان تىلى ئەدەبىياتى ئۆگەنگەن، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي دادىسىنىڭ تەلىپى بىلەن قانۇن كەسپىگە ئالماشقان ۋە 1906- يىلى قانۇن پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1908- يىلىدىن باشلاپ يېرىم ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىشچىلارنىڭ خىزمەت ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلىگەن؛ 1917- يىلى ئۆپكە كسىلىگە گىرىپتار بولغان، 1922- يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن خىزمىتىدىن ئايرىلغان؛ 1924- يىلى 3- ئىيۇندا كېسەل سەۋەبى بىلەن 41 يېشىدا ۋاپات بولغان.

kafka4

كافكانىڭ قىسقىغىنە ھاياتى پۈتۈنلەي بەختسىزلىكلەر بىلەن تولغان. ئۇ ياشىغان دەۋر، ئىجتىمائي تۇرمۇش مۇھىتى، ئائىلىسى ئۇنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىجادىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

كافكا ياشىغان دەۋر دەل ئاۋستىرىيە- ۋىنگىرىيە ئىمپېرىيىسى خابۇسبېرگ پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى ئىدى. ئەينى چاغدا پراگادا مىللىي زىددىيەت، سىياسىي زىددىيەت ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن بولۇپ، ئىمپېرىيەنىڭ ئۇلى لىڭشىپ قالغانىدى. يەھۇدىي بولغىنى ئۈچۈن كافكا سىلاۋىيانلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمايتتى، لېكىن پراگادىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سىلاۋىيانلار ئىدى؛ ئۇ گېرمان تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن بولغاچقا، ئەتراپىدىكى ئادەملەر بىلەن ئورتاق تىل يوق ئىدى؛ ئۇ پۈتۈنلەي ئاۋستىرىيەلىكمۇ ئەمەس، چېخلىقمۇ ئەمەس ئىدى. سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ياللانما خادىمى بولغىنى بىلەن، مۈلۈكدارلار قاتلىمىغا تەۋە ئەمەس ئىدى؛ مۈلۈكدار نىڭ ئوغلى بولغاچقا، ئۇ يەنە پۈتۈنلەي ئەمگەكچىگىمۇ تەۋە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى مىجەزى چۇس، زالىم كىشى بولۇپ، ئائىلىدە مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە ئىدى. كافكا كىچىكىدىن باشلاپلا دادىسىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدۇ، پۈتۈن ئۆمرى زالىم تەبىئەتلىك دادىسىنىڭ قاراڭغۇ كۆلەڭگىسىدە ئۆتىدۇ. ئۇ ئۈچ قېتىم توي قىلىشقا پۈتۈشىدۇ، لېكىن ئۈچىلى قېتىمدا ئۆزى تەشەببۇسكارلىق توي كېلىشىمىنى بىكار قىلىۋېتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۇرمۇش قۇرماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. كافكا ياشاش مۇھىتى ۋە ئىچ مىجەز خاراكتېرى تۈپەيلى يېزىقچلىقنى بىر خىل روھىي ئەمىنلىك ۋاستىسى قىلىۋالىدۇ.

كافكا كىچىكىدىنلا ئەدەبىياتقا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغانىدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىلا دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇغان؛ سىپنوزا، نىچشې، دارۋېن قاتارلىقلارنىڭ تەلىماتلىرى، دانىيەلىك مەۋجۇدىيەتچى پەيلاسوپ كىرىگورنىڭ ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؛ جۇڭگونىڭ لاۋزى، جۇاڭزى پەلسەپىسىنىمۇ تەتقىق قىلغان ئىدى. ئۇ 1908- يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. كافكا ئۆزىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ئىشتىن سىرىتقى يازغۇچى ئىدى. ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا ئۈچ پارچە رومان ۋە نۇرغۇن پوۋېست، ھېكايە، زور مىقداردىكى ئەدەبىي خاتىرە، فىليەتۇن، ھېكمەت، خەت- چەك، كۈندىلىك خاتىرىلەرنى يازغان. ئۇ ئەسەرلىرىگە بەك قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ئۇنىڭ ھايات چېغىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئۇنچە كۆپ ئەمەس. كافكا ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى يېقىن دوستى ماكس برودقا ئېلان قىلىنمىغان جىمى قوليازمىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىش، ئېلان قىلىنىپ بولۇنغان ئەسەرلىرىنىمۇ قايتا نەشر قىلماسلىق ھەققىدە ۋەسىيەت قالدۇرىدۇ. كافكا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر يىراقنى كۆرەر ماكس برودنىڭ دوستىنىڭ ۋەسىيتىنى ئورۇندىمىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، كافكا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ماكس برود ئۇنىڭ جىمى ئەسەرلىرىنى رەتلەپ نەشر قىلدۇرۇپ، قالتس تالانتلىق بۇ يازغۇچىنىڭ ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇبتا يېزىلغان ئەسەرلىرىنى يىرتىۋەتمەي ساقلاپ قالىدۇ، كېيىن بۇ ئەسەرلەر پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇرۇن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلىگەن. لېكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغان. 50- يىللاردىن باشلاپ ياۋروپا- ئامېرىكىدا كافكا قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. نۇرغۇن يازغۇچىلار كافكانىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى دوراپ ئەسەر ئىجاد قىلغان. ئىلىم ساھەسىدىمۇ كافكانى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى قوزغىلىپ كەتكەن. ئەدەبىيات تەتقىقاتى ساھەسىدىمۇ «كافكاشۇناسلىق» ئىلىمى شەكىللەنگەن. كافكانىڭ شۆھرىتى ھازىرمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا.

kafka7

دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە 20- ئەسىر كىرگەندىن بۇيان بارلىققا كەلگەن مەۋجۇدىيەتچىلىك، سۇررېئالىزم، بىمەنىچىلىك ئېقىمى، قارا يۇمۇر، فانتازىيەلىك رېئالىزم قاتارلىق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىملىرى ئېلېمېنتلىرىنى كافكانىڭ ئەسەرلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ. جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرى كافكانى خېلىلا كېچىكىپ چۈشەندى. 60- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كافكانىڭ ئاز بىر قىسىم  ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى، لېكىن ئىچكى ماتېرىيال سۈپىتىدىلا تارقىتىلدى، كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىدى. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن كېيىن، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى باھارى چەت ئەل ئەدەبىياتىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش خىزمىتىنى يېڭى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئەتتى، كافكاغىمۇ يېڭىباشتىن باھا بېرىلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىدى. كافكا جۇڭگو يازغۇچىلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى، بەزى يازغۇچىلار كافكانى دوراپ ئەسەر يېزىشقا باشلىدى. ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، كافكانىڭ ئەسەرلىرى ئېلىمىزدە بارغانسېرى كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە مەدھىيەسىگە ئېرىشتى.

كافكانىڭ ئۈچ پارچە رومانىنىڭ ھېچقايسىسى تولۇق پۈتمىگەن. بۇ ئۈچ روماننىڭ ئىچىدە «قەلئە» ناملىق بۇ رومانىنىڭ سەھىپىسى ئەڭ چوڭ بولۇپ، كافكانىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى ئەڭ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، ھەمدە كىشىلەر تەرىپىدىن كافكانىڭ مۇھىم ئەسىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ماكس برود بۇ رومانغا «كافكانىڭ فائۇستى» دەپ باھا بەرگەن.

kafka 8

روماندا باش پېرسۇناژ K نىڭ قەلئەگە كىرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھېكايە قىلىنىدۇ. رومان ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنە ئىنتايىن چوڭقۇر، مەزمۇن تولىمۇ غەلىتە بولۇپ، ئۆزگىچە بىر دۇنيا كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولىدۇ. ئەسەردە يەنە رېئاللىق بىلەن رېئالسىزلىق، نورماللىق بىلەن بىمەنىلىك، ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن ئاجايىپ غەلىتە ئادەملەر بىر- بىرىگە جىسىپلىشىپ كەتكەن. بەزىلەر روماننى يەنە «سىرلىق ئوردا تۈسىنى ئالغان، كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇۋېتىدىغان رومان» دەپمۇ ئاتىغان. چەت ئەللىك بىر ئوبزورچى ئەسەرگە مۇنداق باھا بەرگەن: «‹قەلئە› نى ئوقۇغان كىشى بىر نەچچە بەت ئوقۇپلا ئۆزىنى ھېچنىمىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايدىغان قويۇق تۇمان ئىچىدە لەيلەپ يۈرگەندەك ھېس قىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ رومان تىلىنىڭ تولىمۇ مەززىسىز ئىكەنلىكىدىن ئەمەس (كافكانىڭ تىلى بەك راۋان ھەم چۈشىنىشلىك)، بەلكى روماندا تەسۋىرلەنگەن ئىشلارنىڭ شۇ قەدەر بىمەنە، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى دىيالوگنىڭ شۇنچىلىك غەلىتە ئىكەنلىكىدىن بولغان.»

kafka3

روماندا نۇرغۇن غەلىتە ۋە بىمەنە ئىشلار تەسۋىرلىنىدۇ. قەلئە ھېچقاچان يەر ئۆلچەش خادىمى تەكلىپ قىلمايدۇ، لېكىن K نىڭ يەر ئۆلچەش خادىمى سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. K ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپ بىر- ئىككى سائەت ئۆتە- ئۆتمەيلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىدۇ. قەلئەگە قاراشلىق كەنت ئۇنچىۋالا چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ كەنتنى بىر توپ ئەمەلدار باشقۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى ھەتتا ئۆزلىرى باشقۇرىدىغان كەنت پۇقرالىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ چىقىدۇ. ئۇلار ئەتىگەندىن- كەچكىچە پۇت- قولىغا تەگمەي ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئىشخانىدىكى تېڭىق- تېڭىق ھۆججەتلەر تورۇسقا تاقاشقۇچە دۆۋىلىۋېتىلگەچكە ھۆججەتلەر ھېلىدىن- ھېلىغا يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئىنتايىن ئادەتتىكى ئەرزلەر ياكى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان تەلەپ- ئىلتىماسلار ئۈچۈن بيوروكراتلىق ئىنتايىن ئەۋج ئالغان بۇ غايەت زور ئاپپارات ئايلاپ- يىللاپ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بارناباس قەلئەگە ئۆزى خالاپ خەت- چەك توشۇغۇچى بولىدۇ. ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدا كۈن- كۈنلەپ ئايىغى چىقماس ۋەزىپىلەرنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ، ھەتتا بىر ساقلىغانچە نەچچە يىل ساقلايدۇ، ئەمما بىرەر قېتىممۇ خەت- چەك توشۇپ باقمايدۇ. قەلئە ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇدېرى كلام K غا ئىككى پارچە خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئىشلىگەن خىزمىتىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدۇ، لېكىن K كلامنىڭ ماختىغىنىغا تۇشلۇق قول سېلىپ بىرەر ئىشنى قىلىپ باقمايدۇ. كېيىن بۇ خەتلەرنىڭ بۇرۇن يېزىپ قويۇلغان كونا خەت ئىكەنلىكى، سارغىيىپ كەتكەن بىر دۆۋە كونا ئارخىپلارنىڭ ئارىسىدىن مۇنداقلا تارتىپ چىقىلغانلىقى سېزىلىپ قالىدۇ. قەلئەنىڭ كاتىپى بۈرگېل بىر كۈندىكى كۆپ قىسىم ۋاقتىنى كارىۋات ئۈستىدىلا ئۆتكۈزىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى كارىۋات ئۈستىدىلا بېجىرىدۇ، ئەرز قىلىپ كەلگەنلەردىن سوراق ئالىدۇ. K ھەر خىل ئاماللارنى بىلەن قەلئەگە كىرمەكچى بولىدۇ، قەلئە ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر قەدەممۇ نېرى بولمايدۇ. لېكىن ئۇ شۇنچە تىرىشقىنىغا لايىق قەلئەگە بىر قەدەممۇ يېقىنلىشالمايدۇ. قەلئە ئەمەلدارى سۇتىنىنىڭ شۇ كەنتتىكى ئامالىيا ئىسىملىك بىر قىزغا كۆزى چۈشۈپ قالىدۇ. لېكىن ئامالىيا ئۇنىڭ قوپاللىق بىلەن قويغان تەلەپلىرىنى كەسكىن رەت قىلىۋېتىدۇ. ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئامالىيانىڭ ئائىلىسىنى پالاكەت باسىدۇ. قەلئە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق قەلئەگە ئۆزلىرىنى كەچۈرۈۋېتىش ئۈچۈن يالۋۇرغىلى بارىدۇ. سۇتىنىنىڭ خىزمەتكارىنى تېپىش ئۈچۈن ئامالىيانىڭ ئاچىسى ئولگا مېھمانخانىغا بېرىپ، ئىنتايىن چۈپرەندە مالايلارنىڭ ئاستىدا ئاياغ- ئاستى بولۇشقا رازى بولىدۇ…..

kafka2

بۇ ۋەقەلىك ئوقۇرمەنلەرنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ، لېكىن بايان قىلغۇچى بىلەن ئەسەردىكى پېرسۇناژ بۇنىڭدىن قىلچە غەلىتىلىك ھېس قىلمايدۇ. مانا مۇشۇنداق ھېچقانداق ھېسسىيات تۈسى ئالمىغان ساپ ھالەتتىكى ئوبيېكتىپ بايان قىلىش ئۇسۇلى كافكانىڭ ئۆزىگىلا خاش سەنئەت ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن. ھېكايە ۋەقەلىكى تاشقىي بىمەنىلىك ئاستىدا چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئادەمنى يەنىمۇ ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ.

كافكانىڭ ھەربىر ئەسىرى مۇتلەق ساپ ھالەتتىكى مۇرەككەپ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «قەلئە» ناملىق بۇ رومان تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، كىشىنى تامامەن ئوخشىمايدىغان يەكۈنگە ئېرىشتۈرىدۇ. مەسىلەن، قەلئە ئىلاھ ۋە ئىلاھنىڭ رەھىم- شەپقىتىنىڭ سىمۋولى.

K قەلئەگە كىرىدىغان يولنى ئىزدەيدۇ ۋە مۇشۇ ئارقىلىق روھىنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى ئىستەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ جىمى تىرىشچانلىقى بىكارغا كېتىدۇ. چۈنكى ئىلاھنىڭ رەھىم- شەپقىتىگە مەجبۇرىي ئېرىشكىلى بولمايتتى، K پەقەت ئىنسانلار دۇنياسىدىن ئايرىلغاندىلا ئاندىن بۇ ئىستىكى قانائەت تاپاتتى.

قەلئە ھوقۇقنىڭ سىمۋولى، دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى. ئاجايىپ يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ ھۆكۈمەت ئورگىنى ناھايىتى يېقىندىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئەمما خەلقنىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭغا ھەر قانچە قىلىپمۇ يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ. «قەلئە» بىيوروكراتلىق تۈزۈمىنى ئۆتكۈر ھەجۋىي تىل بىلەن تەسۋىرلەپ، ئۇچىغا چىققان ئاكتىۋىزمدىن بىشارەت بەرگەن.

كافكا ياشىغان دەۋردە ياۋروپادا يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش قاتتىق ئەۋج ئالغانىدى. «قەلئە» يەھۇدىيلارنىڭ كىرگۈدەك ماكانى يوق بىچارە ھالىتىنىڭ كارتىنىسى؛

K ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. كىشىلەر ئىنتىلىدىغان ھەقىقەت ئەركىنلىكنىمۇ، ئادالەتنىمۇ، قانۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ئۇ- بۇ بىمەنە دۇنيادا كىشىلەرنى تۈرلۈك- تۈمەن پۇتلىكاشاڭلارغا دۇچار قىلىپ تۇرىدۇ. مەيلى سىز قانچىلىك تىرىشماڭ، ھەر قانچە قىلىپمۇ ھەقىقەتنى تاپالمايسىز، تىرىشچانلىقلىرىڭىز ئەڭ ئاخىرىدا بېرىپ مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگەللىنىدۇ؛

K جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان «ئوشۇقچە ئادەم»، ئۇ يۇقىرىنىڭلا ئەمەس، تۆۋەننىڭ ئىجازىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. باشتىن- ئاخىر «ناتونۇش ئادەم» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. K نىڭ مۇشۇ خىل ھالى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تەقدىرىگىمۇ سىمۋول قىلىنغان. كىشىنىڭ جەمئىيەت قوينىدا ياشىماي ئامالى يوق. لېكىن جەمئىيەت ئۇ كىشىنى ئۆز قوينىغا ئالمايدۇ ھەم ئۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ؛

kafka1

«قەلئە» دە كافكا بىلەن دادىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىيادە جىددىي تۈس ئالغان مۇناسىۋەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. قەلئە كافكانىڭ دادىسىنىڭ ئوبرازىنىڭ سىمۋولى. K قەلئەگە كىرمەكچى بولىدۇ- يۇ، ھەر قانچە قىلىپمۇ كىرەلمەيدۇ. بۇمۇ دادا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە قارىمۇقارشىلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن …..

روماندا تەسۋىرلەنگەن سىمۋوللۇق نەرسىلەر بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقىرىدىكى تەھلىللەر ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ روماندىن ئالغان تەسىراتى. كەلگۈسىدىمۇ يەنە بۇنىڭدىن باشقا باھالار توختىماي چىقىپ تۇرىدۇ، ئاشۇ باھالارنىڭ ھېچقايسىسى خاتا ئەمەس، بەلكىم بۇ باھالار روماندا تەسۋىرلەنگەن مەلۇم بىر تەرەپنىلا كۆرسىتىپ بېرەلىشى مۇمكىن. چۈنكى ھەرقانداق بىر مۇنەۋۋەر ئەسەر ئادەتتە كۆپ خىل مەنە ۋە مۇرەككەپلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئاددىيلا قىلىپ بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ بولغىلى بولمايدۇ. كافكا ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ھەرگىزمۇ مەسىلىگە جاۋاب تاپمايدۇ.

كىشىنى ئويغا سالىدىغان يېرى، كافكانىڭ ئۈچ پارچە رومانىنىڭ ھېچقايسىسى تولۇق ئاياغلاشمىغان. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان ئايال يازغۇچىسى جويىس ئوز: «نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەرىدە كافكا يەنىلا بىر مەڭگۈلۈك تېپىشماق ….. بۇ تېپىشماقنى ‹تېپىش› كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى ‹تاپقانلىق› تىن دېرەك بېرىدۇ. كافكانى قانداق شەرھلەيمىز، كافكانىڭ قەلىمىدە يارالغان تىپىك پېرسۇناژلارنىڭ مەيدانىدىن قانداق ھالقىيمىز، ‹قەلئە› ئۆز ئىچىگە ئالغان مەخپىيەتلىكنى قانداق يېشىشىمىز كېرەك؟ قارىغاندا، بۇلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق ئاسان ئەمەس ئوخشايدۇ…..»[1] لېكىن، مەلۇم نۇقتىدىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تونۇشنىڭ ئېھتىماللىقى قەتئىي يوق.

kafka6

كافكا كونا دۇنيانى پاش قىلغان تالانت ئىگىسى. ئۇ بىمەنىلەشتۈرۈش، مۇبالىغە قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق قاباھەتلىك چۈش تۈسىنى ئالغان دۇنيانىڭ رېئاللىقىنى ئېچىپ بەرگەن. بۇلايخت كافكاغا: «ئالدىن كۆرەر يازغۇچى» دەپ باھا بېرىدۇ. D.R. رېيىن: «يىمىرىلگەن ئۆزلۈك» دېگەن كىتابىدا: «ئەگەر شېكىسپىر بىلەن كافكانىڭ كىشىلەرنىڭ قايغۇ- ھەسرىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ياتلىشىشىنى ئېچىپ بېرىش ماھارىتىنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە (ئۇلارنىڭ تالانتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا)، ھازىرقى زاماندىكى ئوقۇرمەنلەر شېكىسپېرنى ئەمەس، كافكانى كىشىلەرنىڭ قايغۇ- ھەسرىتىنى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ مۇكەممەل ئېچىپ بەرگەن دەپ قارايدۇ….. كافكانىڭ رەزىللىككە بولغان تونۇشى ۋايىغا يەتكەن؛ ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىدىكى ساغلام ھەم نورمال بولغان ئۆزلۈك تونۇشى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرمايدۇ.»[2] كافكا ئۆزىمۇ: «مەن يازغانلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھامان يۈز بېرىدۇ» (1922- يىل 5- ئىيۇل دوستى ماكس برودقا يازغان خېتى) دېگەن. ھېتلىر فاشىستلرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا نۇرغۇن كىشىلەر كافكانىڭ ئەسەرلىرىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىشارەت تۈسىنى ئالغان: «كافكانىڭ قاباھەتلىك چۈش دۇنياسى ….. ئەمەلىيەتتە رېئاللىققا ئايلاندى» دېگەن سۆزىنى ئاستا- ئاستا تونۇپ يەتكەن. ياۋروپانىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى رېئاللىقىغىمۇ كىشىلەرنى كافكاغا قايتىدىن باھا بېرىشى ئۈچۈن ئاساس بىلەن تەمىنلىدى: «ئۇرۇش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى رېئاللىققا بولغان ئۈمىدسىزلىك، بۇرۇنقى قۇرۇق خىياللارنى چۆرۈپ تاشلاش، بۇيرۇقۋازلىق، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاپتوماتلىشىشى، بيوروكراتلىقنىڭ پۈتۈنلەي كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالغان دۇنيانىڭ ئەھۋالى ….. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى كافكانىڭ ئالدىن كۆرەر ھېكمەتلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.» جۇڭگودىكى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن كېيىن، كىشىلەر كافكانىڭ ئەسەرلىرىدىكى تولىمۇ بىمەنە تۈس ئالغان ئىشلار ھەققىدە يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدى. ماكس برود مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «كافكانىڭ ‹قەلئە› ناملىق رومانى دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى. روماندا ئوخشاش بىر تىپقا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ دۇنيا ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇنۇشلىرى تەپسىلىي تەسۋىرلەنگەن. بۇ تەسۋىرلەرنىڭ توغرىلىقى بىلەن نەپىسلىكى ناھايىتى يۈكسەك دەرىجىگە يەتكەن. ھەممە ئادەم ئۆز ۋۇجۇدىدا بۇنداق تەركىپنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالىغانلىقتىن، كافكانىڭ ‹قەلئە› ناملىق بۇ رومانى كىتابتا تەسۋىرلەنگەن پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىدىن ھالقىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنى تومۇشىغا ماس كېلىدىغان ئەسەرگە ئايلانغان.»[3] كافكا تەسۋىرلىگەن نەرسىلەر پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق نەرسە بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەنە شۇنداق كەڭ تارقىلالىغان. بەزىلەرنىڭ كافكانى «ئەڭ چۈشىنىشلىك ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى» دەپ تەرىپلىشىمۇ بىكار ئەمەس.

گاۋ نيەنشېڭ

1997- يىل 24- ئىيۇل

بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى


[1]  «كافكا ھەققىدە»، 678-، 679- بەتلەر، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى نەشرىياتى، 1988- يىل.

[2]   D . R.  رېيىن، «يىمىرىلگەن ئۆزلۈك» 69- بەت، گۇيجۇ خەلق نەشرىياتى، 1987- يىل.

[3]  «كافكا ھەققىدە» 80- بەت، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشرىياتى، 1988- يىل

بىرىنچى باب

K يېتىپ كەلگەندە خېلىلا كەچ كىرىپ قالغان، پۈتكۈل كەنت ئاپئاق قاردىن تون كىيگەنىدى. قەلئە جايلاشقان تاغ قويۇق تۇمانلىق تۈن قوينىدا قارىيىپ كۆرۈنەتتى، شۇنچە يوغان قەلئەنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ھېس قىلدۇرغۇدەك بىرەر چىراغ يورۇقىمۇ كۆرۈنمەيتتى. K كەنتكە تۇتۇشىدىغان چوڭ يولدىكى ياغاچ كۆۋرۈكتە پايانسىز ئاسمانغا بېقىپ ئۇزۇنغىچە تۇرۇپ كەتتى.

ئاندىن بىر بېسىپ- ئىككى بېسىپ قونالغۇ ئىزدەپ ماڭدى. سارايدىكىلەر تېخىچە ئۇخلىمىغانىدى، شۇنچە كەچتە كەلگەن بۇ مېھماندىن ئەجەپسىنگەن سارايۋەن ئېسەنكىرىگىنىچە تۇرۇپلا قالدى، سارايدا ياتاق قالمىغىنىغا قارىماي K نى زالغا ماتروس سېلىپ ئۇخلاشقا ئورۇنلاشتۇردى. K ماقۇل بولدى. زالدا توققۇز دېھقان پىۋا ئىچىپ ئولتۇراتتى، K نىڭ بىرەرىگە گەپ قىلغۇسى كەلمىدى، ئۆگزىدىن پاخالدىن توقۇلغان ماتروس ئېلىپ چۈشۈپ ئوچاقنىڭ يېنىغىلا سالدى- دە، ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى. ئوچاق يېنى بۆلەكچە ئىللىق ئىدى، دېھقانلار گەپ- سۆز قىلماي ئولتۇرۇشاتتى، K ھارغىن كۆزلىرى بىلەن ئۇلارغا بىر قارىۋېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى.

ئۇ ھايال ئۆتمەي بىرىنىڭ تۈرتۈشى بىلەن چۆچۈپ ئويغاندى. شەھەرلىكتەك كىيىنىۋالغان، يۈزلىرى سوزۇنچاق، گازىر كۆز، قارا قاش، چىرايى ئارتىسىتقا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر يىگىت ساراي خوجايىنى بىلەن ئۇنىڭ بېشىدا ئۆرە تۇراتتى. دېھقانلار تېخىچە ئۇخلىمىغان، بەزىلىرى تېخى نېمە گەپلەر بولىدىكىن دېگەندەك، ئورۇندۇقلىرىنىمۇ تارتىپ كېلىشكەنىدى. يىگىت ئۇنى ئويغىتىۋەتكىنى ئۈچۈن ئەدەب بىلەن ئۆزرە قويدى، ئاندىن ئۆزىنىڭ قەلئە غوجىدارىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ دېدى:

– بۇ كەنت قەلئەگە قارايدۇ، بۇ يەردە تۇرغانلىق ياكى بىرەر كېچە قونغانلىق قەلئەدە قونغانلىق بىلەن ئوخشاش. گرافنىڭ ئىجازىتىسىز ھېچكىمنىڭ بۇيەردە تۇرۇشىغا، ئۇخلىشىغا رۇخسەت يوق. شۇغىنىسى، سىز گراف ئەپەندىمنىڭ رۇخسىتىنى ئالماپسىز، ھەتتا شۇنىڭدەكرەك بىر ئىسپاتمۇ كۆرسەتمەپسىز.

K ياتقان يېرىدىن ئۆرە بولدى، قولى بىلەن چاچلىرىنى تاراپ قويۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا قارىدى:

– بۇ كەنتكە خاتا كەپ قالدىممۇ نېمە؟ مۇشۇ يەردە بىر قەلئە بار ئىدىغۇ؟

– ئەلۋەتتە،- دېدى يىگىت تىلىنى چايناپ، باشقىلارمۇ كېلىشىۋالغاندەكلا باشلىرىنى لىڭشىتتى،- گراف سىسلى جانابلىرىنىڭ قەلئەسى مۇشۇ يەردە.

– بۇ يەردە قونۇش ئۈچۈن چوقۇم ئىجازەتنامە بولۇش كېرەكمۇ؟- سورىدى K بايا ئاڭلىغانلىرىنى چۈشۈم ئەمەستۇ دېگەندەك بىر تەرزدە.

– ئىجازەتنامە بولمىسا بولمايدۇ،- يىگىت شۇنداق دەۋېتىپ قولىنى ساراي خوجايىنى بىلەن K غا تەڭلىدى،- ئىجازەتنامە بولمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قالغانمىدىڭلار؟

گەپنىڭ ئورانىدىن K نى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك بىر ئىپادە چىقاتتى.

– ئەمىسە ئىجازەتنامە ئەكەلسەم بولغۇدەك،- K ئەسنىگەچ شۇنداق دېدى- دە، ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلمەكچى بولغاندەك، ئۈستىدىكى ئەدىيالنى تۈرتۈپ ئېچىۋەتتى.

– ئىجازەتنى كىمدىن ئالماقچىسىز؟- سورىدى يىگىت.

– گراف جانابلىرىدىن،- دېدى K ،- شۇنداق قىلمىسام بولمىدى ئەمدى.

– مۇشۇ كېچىدە بېرىپ گراف جانابلىرىدىن ئىجازەت ئالماقچىمۇسىز؟- توۋلىۋەتتى يىگىت كەينىگە بىر قەدەم داجىپ.

– بولمامدا؟- سورىدى K تەمكىنىنى بۇزماي،- ئەمىسە نېمىشقا مېنى ئويغىتىۋېتىسەن؟

بۇ گەپتىن يىگىتنىڭ سەپرايى ئۆرلىدى.

– گېپىڭ يوغانغۇ سېنىڭ!- ھۆركىرىدى يىگىت،- گراف تۆرەمگە تولا بىھۆرمەتلىك قىلما! سېنى گراف جانابلىرىنىڭ زېمىنىدىن دەررۇ چىقىپ كەتسۇن دەپ ئويغاتتىم. قانداق، گېپىىڭ بارما؟

تولا ئىچىمنى پۇشۇرما،- K بوش ئاۋازدا شۇنداق دېدى- دە، قىيسىيپ ئەدىيالنى ئۈستىگە قايتىدىن ياپتى،- سەل ئاشۇرۇۋەتتىڭ يىگىت، ئەتە مۇشۇ قىلغانلىرىڭنى يۈزۈڭگە سېلىپ يۈرسەم ياخشى بولمايدۇ. ئىشەنمىسەڭ، سارايۋەن بىلەن ئاۋۇ ئەپەندىلەر گۇۋاھ. بوپتۇ، شۇنى ئۇقۇپ قالغىن، مەن گراف ئۆزى چىللىغان يەر ئۆلچەش خادىمى. ياردەمچىم ئەسۋابلارنى ئېلىپ ئەتە پەيتۇندا كېلىدۇ. ئۆزۈمچە قارلىق دالىدا ماڭغۇم كەپقالدى، لېكىن تولا يولدىن ئېزىپ قېلىپ مۇشۇنداق كەچ قالدىم. دېمىسەڭمۇ قەلئەگە بېرىپ ئۆزۈمنى مەلۇم قىلماقچىدىم، بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە بۈگۈنچە مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. لېكىن سەن گەپنى چىرايلىق قىلماي ئۇيقۇمنى بۇزۇۋەتتىڭ. گېپىم تۈگىدى ئەپەندىلەر، خۇشۋاق بولۇڭلار،- K شۇنداق دېدى- دە، ئوچاق تەرەپكە ئۆرۈلدى.

– يەر ئۆلچەش خادىمى؟- سورىدى بىرەيلەن تېڭىرقاش ئىلكىدە، ئارىنى بىر ھازا سۈكۈت قاپلىدى. يىگىت ئۆزىگە ئىشەنچ بېرىپ، K نى ئويغىتىۋەتمەي دېگەندەك پەس ئاۋازدا: «مەن تېلېفون ئۇرۇپ سوراپ باقاي» دېدى سارايۋەنگە. بۇ گەپ K غا ئاڭلىنىپ قالدى. نېمە، مۇشۇ سەھرادا تېخى تېلېفون بارمىكىنا؟ ھەر ھالدا ھەممە نەرسە تېپىلىدىكەن. K بەزى ئىشلاردىن ھەيران قېلىۋاتاتتى، ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىۋاتاتتى. تېلېفون ئۇنىڭ بېشىدىلا تۇراتتى، بايام ئۇيقۇچىلىقتا ئۇ دىققەت قىلمىغانىدى. شۇ تاپتا يىگىت تېلېفون ئۇراي دېسە، K نىڭ ئويغىنىپ قېلىشى ئېنىق ئىدى، K نىڭ ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرغىلى قويۇش- قويماسلىقى بىر مەسىلە ئىدى. K ئويلاپ كۆرۈپ، ئۇرسا ئۇرمامدۇ دېگەن ئويغا كەلدى. لېكىن، ئۇ مۇشۇنداق ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋېلىشنى خوپ كۆرمىدى- دە، ئۆرۈلۈپ ئوڭدىسىغا ياتتى. بىر نەچچە دېھقان بىر يەرگە غۇژمەك بولۇۋېلىپ پىچىرلىشىۋاتاتتى؛ يەر ئۆلچەش خادىمىنىڭ كەلگەنلىكى كىچىك ئىش ئەمەس ئىدى. ئاشخانا ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، بۇسۇغىدا سارايۋەننىڭ ئايالى پەيدا بولدى، ئايالنىڭ لاخسىدەك يوغان بەستى ئىشىككە لىقلا كەلگەنىدى. سارايۋەن بولغان ئىشلاردىن خەۋەر قىلىش ئۈچۈن پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسىگىنىچە ئايال تەرەپكە ماڭدى. يىگىت تېلېفوندا سۆزلىشىشكە باشلىدى. قەلئەنىڭ باش غوجىدارى ئاللىقاچان ئۇيقۇغا كەتكەن، ئورۇنباسار غوجىدار— بىر نەچچە ئورۇنباسار غوجىدارنىڭ بىرى— فرىتز ئەپەندى تېخىچە ئۇخلىمىغانىدى. يىگىت غوجىدارغا ئاۋۋال ئۆزىنى شىۋارزېر دەپ تونۇشتۇردى، ئاندىن 30 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى، كىيىملىرى رەتسىز بىر كىشىنىڭ شۇ تاپتا كىچىك بىر سەپەر سومكىسىنى بېشىغا قويۇپ، نەچچە يەردە بۇغۇمى بار ھاسسىنى يېنىغا قويۇپ غېمىدە يوق ئۇخلاۋاتقانلىقىنى؛ ئۆزىنىڭ بۇ كىشىدىن سەل گۇمانلىنىپ قالغانلىقىنى، سارايۋەننىڭ كارى بولمىغىنىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ بۇ كىشىنىڭ تېگى- تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى؛ ھېلىقى كىشىنى ئويغىتىپ نېمە ئادەم ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرگىنىنى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ئۇنى گراف ئەپەندىنىڭ زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىمەن دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، لېكىن K نىڭ بۇنى پىسەنتىگە ئېلىپمۇ قويمىغىنىنى، شۇنىڭغا قاراپ ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ يوللۇق بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزىنى «گراف جانابلىرى تەكلىپ قىلغان يەر ئۆلچىگۈچى مەن» دەپ تونۇشتۇرغانلىقىنى دوكلات قىلدى. ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىشىنىڭ ئۆزىمۇ ئۆز خىزمىتىنى ئادا قىلغانلىق بولاتتى، شۇڭا شىۋارزېر فرىتز ئەپەندىدىن مەركىزىي ئىش بېجىرىش زالىدىن سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشنى، ئاشۇنداق بىر يەر ئۆلچىگۈچىنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنىڭ راسىت- يالغانلىقىنى ئۇقۇپ دەرھال تېلېفوندا خەۋەر قىلىشىنى ئۆتۈندى.

ئۆي ئىچىدە يىڭنە چۈشسە ئاڭلانغۇدەك تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈردى، فرىتز ئۇياقتا سۈرۈشتۈرمەكتە، يىگىت بۇياقتا جاۋاب كۈتمەكتە ئىدى. K بايامقى تۇرۇقىنى بۇزماستىن پەرۋاسىز بىر قىياپەتتە چەكچەيگەن كۆزلىرىنى تورۇستىن ئۈزمەي ئوڭدىسىغا ياتاتتى. K شىۋارزېرنىڭ شۇملۇق بىلەن ئېھتىيات ئارىلىشىپ كەتكەن بۇ دوكلاتىدىن قەلئەدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر چۈپرەندىنىڭ ئىش- ھەرىكىتىنىڭمۇ دېپلوماتىك تۈس ئالغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئۆز خىزمىتىنى بىجاندىل بىلەن ئورۇندايدىغانلىقىنى، مەركىزىي ئىش بېجىرىش زالىدا كېچىلىك ئىسمېنىدا تۇرىدىغانلىقىنىمۇ بايقىدى. دېگەندەك، بىردەمدىلا جاۋاب كەلدى، چۈنكى فرىتز تېلېفون ئۇرغانىدى. تېلېفوندا ئۇ گەپنى ناھايىتى قىسقىلا قىلدى، شىۋارزېر ئاچچىقىدا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى تاراققىدە تاشلىۋەتتى.

– مانا دېمىدىممۇ!- دېدى ئۇ،- ئۆزىنى يەر ئۆلچىگۈچى دەيدىيا تېخى! ئۇنداق بىرسى يوقكەنغۇ. ھەجەپ نۇمۇسسىز، يالغانچى نېمىكىنا بۇ. كىم بىلىدۇ، ئىش بۇنىڭدىنمۇ بەتتەرمۇ تېخى.

K تۇرۇپلا قالدى، شىۋارزېر، ئوتاقچى، ساراينىڭ ئەر- ئايال خوجايىنلىرى ئەمدى ماڭا يۇپۇرۇلۇپ كېلىدىغان بولدى دەپ ئويلىدى. تۇنجى زەربىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئۈچۈن يوتقانغا چۈمكىلىپ يېتىۋالدى. شۇ ئەسنادا يەنە تېلېفون جىرىڭلىدى، تېلېفوننىڭ جىرىڭلىشى K غا بۆلەكچە ياڭراق بىلىندى. ئۇ يوتقاندىن بېشىنى ئاستاغىنە چىقاردى. كەلگەن تېلېفوننىڭ K غا مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى ئانچە زور بولمىسىمۇ، لېكىن ھەننىۋا كىشى جىمىپلا قالدى. شىۋارزېر يەنە تۇرۇپكىنى قولىغا ئالدى. قارشى تەرەپ تېلېفوندا خېلى ھازاغىچە بىر نېمىلەرنى دېگەندىن كېيىن، ئۇ پەس ئاۋازدا:«خاتالىشىپ قاپتۇقما؟ ئەمىسە بەك سەت بوپتۇ. مۇدېر ئۆزى تېلېفون ئۇرۇپتىمۇ؟ غەلىتە ئىشقۇ بۇ. يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىگە ئەمدى نېمىدەپ چۈشەندۈرەرمەن؟»دېدى.

K بولۇنغان گەپلەرنى قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلىدى. بۇ گەپچە، قەلئە ئۇنى راستىنلا يەر ئۆلچىگۈچى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. بىر تۇرۇپ ئويلىسا، بۇ ئۇنىڭغا پايدىسىز ئىدى، چۈنكى قەلئەدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەر تېپىپ بولغانلىقى ئېنىق ئىدى، كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن تىركەشمەكچى بولغانلىقى چوقۇم ئىدى. يەنە بىر تۇرۇپ ئويلىسا، ۋەزىيەتنى ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىلىق دېيىشكىمۇ بولاتتى، چۈنكى ئۇنىڭچە بولغاندا ئۇلار ئۇنى بوش كۆرۈپ قالغانىدى، ئۇ ئەمدى ئۆزى دەسلەپتە ئويلىغاندىكىدىنمۇ كۆپ ئەركىنلىككە نائىل بولاتتى. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭ يەر ئۆلچىگۈچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئۇنى قورققىنىدىن مەڭگۈ غىدىڭ- پىدىڭ قىلالماس ھالغا كەلتۈرۈپ تەقىپ ئاستىغا ئالماقچى بولغان بولسا، زور خاتالاشقان بولاتتى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭغا سەل تىتىرەك ئولاشقاندەك بولدىيۇ، ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىپ كەتمىدى.

K قورقۇمسىراپ دېگۈدەك ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان شىۋارزېرغا قولىنى شىلتىپ كەينىگە يېنىشقا ئىشارە قىلدى. كىشىلەر ئۇنى سارايۋەننىڭ ئايالىنىڭ ھوجرىسىدا يېتىشقا دەۋەت قىلىۋېدى، ئۇ رەت قىلىۋەتتى، پەقەت ئەر خوجايىن تەڭلىگەن بىر ئىستاكان ئۇخلىتىش ھارىقى بىلەن ئايال خوجايىن ئەكەلگەن يۈز دېسى، بىر توقاچ سوپۇن ۋە لۆڭگىلەرنىلا ئالدى. ساراي ئىچى بىردىن بوشاپ قالدى، كىشىلەر ئەتىسى ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى تونۇپ قېلىشىدىن قورقۇشتىمۇ ئەيتاۋۇر، ئۇ ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە ئۆزلىرىنى سارايدىن تاشقىرىغا ئېتىشىپ قۇيرۇقىنى خادا قىلىشقانىدى. ساراينىڭ توكى ئۆچۈرۈلدى، ئۇمۇ ئارام تېپىپ قالغاندەك بولدى. ئۇ ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ئويغانماي ناھايىتى تاتلىق ئۇخلىدى، ھەتتا چاشقانلارنىڭ نەچچە قېتىم ئەتراپىدا غىرىلداپ ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ سەزمىدى.

ناشتىدىن كېيىن ساراي خوجايىنى ئۇنىڭغا يېگەن تامىقىنىڭ چىقىملىرىنى قەلئەنىڭ كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ناشتىدىن كېيىن دەرھال كەنتكە كىرگۈسى كەلدىيۇ، ساراي خوجايىنىنىڭ تۈنۈگۈنكى مۇئامىلىسىنى يادىغا ئېلىپ ئۇنى ئانچە پىسەنتىگە ئېلىپ كەتمىدى، سارايۋەن ئۈنسىز بىر ھالەتتە ئۇنىڭ ئەتراپىدا پايپېتەك بولاتتى. K نىڭ ئۇنىڭغا سەل ئىچى ئاغرىپ ئۇنى يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

– مەن گرافنى تونۇمايمەن،- دېدى K،- ئاڭلىسام، ئۇ ئىشنى ياخشى قىلغانلاردىن پۇلنى ئاياپ ئولتۇرمايدىكەن، راست شۇنداقمۇ؟ ماڭا ئوخشاش خوتون- بالىلىرىنى يىراقتا تاشلاپ قويۇپ كەلگەنلەر جىقراق پۇل تېپىپ كېتىشنى ئويلايدۇ.

– ئەپەندىم، ئۇنىڭدىن غەم قىلماڭ، ھازىرغىچە بىرەرسىنىڭ پۇل توغرىسىدا زارلىغىنىنى ئاڭلىمىدۇق.

– ھىم،- دېدى K،- مەن ئۇنداق ئۇششاق ئىشلاردىن ئەنسىرەپ كېتىدىغانلاردىن ئەمەسمەن، تەلەپ- پىكىرلىرىمنى گرافنىڭ ئالدىدىمۇ دەۋېرىمەن. شۇغىنىسى، چوڭلار بىلەن ئىشلاردا چىقىشىپ ئۆتەلىسەم ياخشى بولاتتى- دە.

سارايۋەن K نىڭ ئۇدۇلىدىكى دېرىزە تەكچىسىدە قورۇنۇپ دېگۈدەك ئولتۇراتتى، ئەندىشە ئۇچقۇنلىرى چىقىپ تۇرغان يوغان قوڭۇر كۆزلىرىنى K دىن نېرى قىلمايتتى. دەسلەپتە ئۇ K غا يېقىن سۈرۈلۈپ ئولتۇردى، ئەمدىلىكتە بولسا قاچان بىر قوپۇپ كېتەرمەن دەپ ئارانلا قالغانىدى. ئۇ K نىڭ ئۆزىدىن گرافنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ قېلىشىدىن قورقۇۋاتامدۇ ياكى K نى تەسىرى چوڭ ئادەم دەپ ئويلاپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىز چىقىپ قېلىشىدىن قورقۇۋاتامدۇ؟ بىلگىلى بولمايىتتى. K سارايۋەننىڭ دىققىتىنى بۇرۇۋېتىش قارارىغا كەلدى- دە، سائىتىگە قاراپ قويۇپ:

– ياردەمچىلىرىمنىڭمۇ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى، ئۇلارغا تۇرىدىغان جاي راسلاپ بېرەلەرسىزمۇ؟- دېدى.

– ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن ئەپەندىم،- دېدى سارايۋەن،- ئۇلار قەلئەدە سىز بىلەن بىللە تۇرمامدۇ؟

ئەجىبا ئۇ مېھمانلارنى شۇنچە خۇشاللىق بىلەن قويۇۋېتەرمۇ، بولۇپمۇ K نى قەلئەگە مۇشۇنداقلا ئۇزىتىپ قويارمۇ؟

– بۇنىڭغا ھازىرچە بىرنېمە دېيەلمەيمەن،- دېدى K ،- ئاۋۋال ئۇلارنىڭ مېنى نېمە ئىشقا سالىدىغانلىقىنى بىلىۋالاي. مەسىلەن، تاغ ئېتىكىدە ئىشلەيدىغان بولسام، مۇشۇ يەردە تۇرۇۋەرگىنىم ياخشى. قەلئەنىڭ تۇرمۇشىغا كۆنەلمەسمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. ئىشقىلىپ، ئەركىنرەك بولالىساملا بولدى.

– سىز قەلئەنى چۈشەنمەيسىز،- دېدى سارايۋەن بوش ئاۋازدا.

– ئەلۋەتتە،- دېدى K،- ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ. شۇ تاپتا مەن ئۇلارنىڭ يەر ئۆلچىگۈچىنى تاللاشقا ئۇستا ئىكەنلىكىنىلا بىلىمەن، قەلئەنىڭ باشقا ئەھۋاللىرىدىن ئازراقمۇ خەۋىرىم يوق. بەلكىم ئۇ يەرنىڭ يەنە باشقا ئەۋزەل تەرەپلىرى باردۇر،- ئۇ ئالاقزادىلىك ئىچىدە لېۋىنى چىشلەپ ئاران- ئاران ئولتۇرۇۋاتقان سارايۋەندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى. سارايۋەننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۇنچە ئاسان ئەمەستەك قىلاتتى.

چىقىپ كېتىۋاتقاندا، قارا رامكىلىق ئەينەك جاھازىغا ئېلىنغان رەڭسىز رەسىم K نىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ بۇ رەسىمنى ئاخشام ياتقان يېرىدە تۇرۇپ كۆرگەن، لېكىن ئارىلىق يىراق بولغاچقا ئېنىق كۆرەلمىگەن، رەسىم يوق قۇرۇق جاھازىنى ئېسىپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانىدى. ئۇ ئەمدىلىكتە ئېنىق كۆردى، جاھازىدىكىسى 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر كىشىنىڭ يېرىم سىزىلغان پورتېرىتى ئىدى. ئۇ بېشىنى شۇنچىلىك پەس قىلىۋالغان ئىدىكى، كۆزلىرى كۆرۈنمەيلا قالغانىدى، كەڭ ھەم يوغان پىشانىسى بىلەن بۈركۈتنىڭ تۇمشۇقىنى ئەسلىتىدىغان يوغان بۇرۇنى ئېغىرلىقىدىن گويا ئۇنىڭغا بېشىنى كۆتۈرۈشكە ئىمكان بەرمەيۋاتقاندەكلا كۆرۈنەتتى. بېشى پەسكە ئېڭىشىكلىك بولغاچقا، يۈزلىرىنى قاپلىغان بومبۇر ساقىلىدىن باشقا يېرىنى بەكرەك ئېڭىشمىسە پەرق ئەتكىلى بولمايتتى. ئوڭ قولىنىڭ بارماقلىرى بىلەن قويۇق چاچلىرىنى مەھكەم تۇتاملىغان بولۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈشكە ئىمكانى يوق ئىدى.

– بۇ كىم؟ گرافما؟- رەسىم ئالدىدا تۇرغان K سارايۋەنگە قارىمايلا سورىدى.

– ياق، ئۇ دېگەن قەلئەنىڭ باش غوجىدارى،- دېدى سارايۋەن.

– قەلئەنىڭ باش غوجىدارى تولىمۇ قاملاشقان كىشى ئىكەن، بۇنىڭغا قىل سىغمايدىكەن،- دېدى K ،- تولىمۇ ئەپسۇس، بالىسىنى ياخشى تەربىيىلىمەپتۇ.

– ئۇنداق ئەمەس،- سارايۋەن شۇنداق دېگەچ K نى ئۆزىگە يېقىنراق تارتىپ پەس ئاۋازدا دېدى،- شىۋارزېر تۈنۈگۈن بەك ئاشۇرۇۋەتتى، ئۇنىڭ دادىسى دېگەن مۇئاۋىن غوجىدار، دەرىجىسى غوجىدارلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن. ساراي خوجايىنى بۇ گەپلىرى بىلەن K غا كىچىك بالىدەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى.

– غەلىتە نېمىكىنا ئۇ،- K كۈلۈپ كەتتى. سارايۋەن كۈلمىدى، ئەكسىچە:

– ئۇنىڭ دادىسىنىڭ تەسىر دائىرىسى بوش ئەمەس،- دېدى.

– قويۇڭە ئۇنداق گەپلىرىڭىزنى،- دېدى K ،- كۆزىڭىزگە ھەممىلا ئادەم تەسىر دائىرىسى چوڭدەك كۆرۈنىدىغان ئوخشايدۇ سىزنىڭ. مەنمۇ ئاشۇنداق كۆرۈنىدىغان ئوخشىمامدىمەن؟

– ياق،- ئۇ قورقۇمسىراپ شۇنداق دېدى- يۇ، چىرايىغا ئەستايىدىل تۈس بېرىپ قوشۇپ قويدى،- مەن سىزنى تەسىر دائىرىسى بار كىشى دەپ قارىمايمەن.

– كۆزىڭىز ئۆتكۈركەن،- دېدى K،- گەپنىڭ راستىنى دېسەم، مېنىڭ ئۇنچىلىك تەسىرىم يوق، شۇڭا مېنىڭ تەسىر دائىرىسى زور كىشىلەرگە بولغان ھۆرمىتىم سىزدىن قېلىشماسلىقى مۇمكىن. پەقەتلا شۇ سىزگە ئوخشاش خوش- خوش دەپلا يۈرىدىغان ياۋاش مىجەزىم يوق، بۇ مىجەزىمنىمۇ ئادەتتە تازا تەن ئالغۇم كەلمەيدۇ،- K شۇنداق دېدى- دە، تەسەللىي بەرمەكچى بولغاندەك ساراي خوجايىنىنىڭ يۈزىگە يېنىك شاپاللاپ قويدى، ئۇ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق سارايۋەننى دوستانىرەك بولۇشقا ئۈندىمەكچىدەك قىلاتتى. سارايۋەننىڭ چىرايىغا راست دېگەندەك كۈلكە يۈگۈردى. ئۇنىڭ يېشى خېلىلا كىچىك ئىدى، يۇمران يۈزلىرىگە تېخى ساقال چىقىپ ئۈلگۈرمىگەنىدى. ئۇ قانداقسىگە يېشى ئۆزىدىن چوڭ، لاخسىدەك يوغان بىر ئايال بىلەن توي قىلىۋالغاندۇ؟ ياندىكى تۆشۈكتىن ئايالنىڭ ئاشخانا ئۆيدە بىر ئىشلار بىلەن شاپاشلاپ يۈرگىنىنى كۆرگىلى بولاتتى. K سارايۋەننىڭ چىرايىغا ئاران تەستە يۈگۈرگەن كۈلۈمسىرەشنى يوق قىلىۋەتكۈسى كەلمىگەندەك، كوچىلاپ سوراۋېرىشنى خوپ كۆرمىدى. K ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىشقا ئىشارە قىلدى- دە، سارايدىن چىقىپ قوياش پارلاپ تۇرغان سەھەر پەيتىدىن ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ كەتتى.

تاغ ئۈستىگە جايلاشقان قەلئە ئەمدى ئۇنىڭغا ئېنىق كۆرۈندى. بىر قەۋەت نېپىز قار بىلەن چۈمكەلگەن قەلئە ئاجايىپ چىرايلىق تۈس ئالغان، يىراقتىن قارىغاندا بۆلەكچە يېقىملىق كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاغدىكى قار كەنتتىكىدىن خېلىلا ئازدەك كۆرۈنەتتى، كۈلتۈك قارنى كېچىپ كېتىۋاتقان K غا يول مېڭىش تۈنۈگۈن چوڭ يولدا ماڭغاندىكىدىن تەس تۇيۇلدى. قار قېلىنلىقىدىن زومچەك- زومچەك كەپىلەرنىڭ دېرىزىلىرىگىچە چىققانىدى، ئەسلىدىنلا پاكار كەلگەن ئۆيلەر قېلىن قار دەستىدە تېخىمۇ مۈكچىيىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. لېكىن، تاغدىكى جىمى نەرسە مەغرۇرلارچە قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئەدناسى مۇشۇ يەردىن تۇرۇپ قارىغاندا شۇنداق كۆرۈنەتتى.

قەلئە يىراقتىن قارىماققا K نىڭ ئويلىغىنىدەك چىقتى. ئۇ قەدىمىي تۈس ئالغان چەۋەندازلار قەلئەسى ئەمەس ئىدى، يېڭىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشقىمۇ ئوخشىمايتتى، بەلكى ئىككى قەۋەتلىك نەچچە يۈرۈش بىنا ۋە بىر- بىرىگە يانداشتۇرۇپ سېلىنغان بىرمۇنچە پاكار- پاكار ئۆيلەردىن تەركىپ تاپقان قۇرۇلۇش توپى ئىدى. بىلمىگەن كىشى ئۇنى بىر كىچىك شەھەركەن دەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. K نىڭ كۆزىگە بىر مۇنار كۆرۈندى، بۇ مۇنار بىرەر كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ مۇنارىمۇ ياكى چېركاۋنىڭ مۇنارىمۇ، پەرق ئەتكىلى بولمايتتى. بىر توپ قاغا ئاشۇ مۇنار ئۈستىنى ئەگىپ ئۇچۇپ يۈرەتتى.

K قەلئەدىن كۆزىنى ئۈزمەستىن ئالدىغا قاراپ ماڭدى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمىنى خىيالىغا كەلتۈرمىدى. ئۇ مېڭىپ- مېڭىپ يېقىن كېلىۋېدى، كۆڭلىنى بىر ئۈمىدسىزلىك چۇلغۇۋالدى، ئۇ ئەسلىدە قەلئە ئەمەس، بىرمۇنچە يېزا- قىشلاقلاردىن تەركىپ تاپقان تولىمۇ ئاددىي بىر كىچىك بازار ئىدى، بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى، ھەممە قۇرۇلۇش تاشتىن قوپۇرۇلغان، ئەمما تامنىڭ ھاكلىرى چۈشۈپ كەتكەن، ئۆيلەرنى كۆتۈرۈپ تۇرغان تاشلارمۇ گويا ھېلىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەكلا قىلاتتى. K تۇرۇپلا ئۆز يۇرتىدىكى كىچىك بازارنى يادىغا ئالدى، ئاشۇ بازار چېغىدا مۇنۇ ئاتالمىش قەلئەدىن تۈزۈكرەك ئىدى. ئەگەرچەندە ئۇ مۇنداقلا بىر كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن كەلگەن بولسا شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگىنىنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى قالمايىتتى، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆز يۇرتىنى كۆرۈپ كەلگەن بولسىمۇ بولاتتى، ئۇنىڭ يۇرتىغا بارمىغىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغانىدى. ئۇ كۆڭلىدە يۇرتىدىكى چېركاۋنىڭ مۇنارى بىلەن ئاۋۇ تاغنىڭ ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قەلئە مۇنارىنى سېلىشتۇرۇپ كۆردى. يۇرتىدىكى چېركاۋنىڭ مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، قىرلىق تۈۋرۈكلىرى ناھايىتى سۆلەتلىك بولۇپ، ئاستى توم، ئۈستىگە چىققانسېرى ئىنچىكىلەپ باراتتى، يوغان كەلگەن ئۆگزىلىرىگە قىزىل كاھىش ياتقۇزۇلغان ئۇ چېركاۋنى ھەقىقىي بىر قۇرۇلۇش دېسە بولاتتى، قۇرۇلۇش بولار، ئاشۇنچىلىك بولار ئىدى. لېكىن، ئاۋۇ زومچەك- زومچەك ئۆيلەرگە باققاندا، يۇرتىدىكى قۇرۇلۇشلار تېخىمۇ يۈكسەك مۇددىئالارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم ئەيلىگەن ئىدى، كىشىگە ئالدىراشلىق ئۆكسۈمەيدىغان كۈندىلىك تۇرمۇشتىنمۇ بەكرەك يارقىن تۇيغۇلارنى ئاتا قىلاتتى. يىراقتىن قارىغاندا ناھايىتى ھەيۋەت كۆرۈنىدىغان بۇ ئېگىز مۇنار ئەمدىلىكتە بىر تۇرالغۇ ئۆي بولۇپ چىقتى، بەلكىم ئۇ مۇشۇ تۇرالغۇنىڭ مۇنارىدۇر. ئۇ ناھايىتى ئاددىيلا سېلىنغان يۇمۇلاق قۇرۇلۇش بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ بىر يېقىنى تامنى سويلاپ بولۇق ئۆسكەن كۈندە باھار بىر ئالغان، قارىغان كىشىگە ئۆزگىچە بىر تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى، ئۆينىڭ كىچىك- كىچىك دەرىزىلىرى قۇياش نۇرىدا يالت- يۇلت قىلىپ نۇر چېچىپ، كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتەتتى، ئۆينىڭ مۇنارى بىر قارىماققا بالكونغا ئوخشاپ كېتەتتى، كۈنگۈرىلىرى تولىمۇ رەتسىز بولۇپ، ئۇ يەر- بۇ يەرلىرىدىن چاك كەتكەن ئىدى، بەئەينى ئۇششاق بالىلار قولىنىڭ ئۇچىدىلا ياساپ قويغان لاي قەلئەگە ئوخشاش، زەڭگەر ئاسمانغا بوي سوزۇپ تىككىدە تۇراتتى. مۇنار يەنە بىر قارىماققا بەجايىكى ئۇزۇن يىل كېسەل تارتىپ چىرايىنى مۇڭ باسقان، ئەسلىدە ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا بېكىنىپ جىم ئولتۇرۇشقا لايىق تۇرۇغلۇق، ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ ئۆزىنى خەلقىئالەمگە نامايىش قىلماقچى بولۇۋاتقان بىمارغىلا ئوخشايىتتى.

K جىم تۇرسىلا ئاندىن تېخىمۇ ياخشىراق قارار چىقىرالايدىغاندەك، قەدەملىرىنى يەنە توختاتتى. لېكىن، بۇ خىيالىمۇ يوققا چىقتى. ئۇ تۇرغان جاي كەنت چېركاۋىغا يىقىن ئىدى، چېركاۋ بەك كىچىك بولغاچقا، كەنتتىكى جىمى خىرىستىيان مۇرتلىرىنى سىغدۇرۇش ئۈچۈن ئىسكىلاتقا ئوخشاش يوغان قىلىپ كېڭەيتىلگەنىدى. چېركاۋنىڭ كەينىدە مەكتەپ بار ئىدى. مەكتەپنىڭ تىكتۆتبۇلۇڭ شەكلىدە سېلىنغان پاكار قۇرۇلۇشى بىر قارىماققا ۋاقىتلىق سېلىنغاندەكلا كۆرۈنەتتى، ئەمەلىيەتتە سېلىنغىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار بولغانىدى. مەكتەپ چۆرىسى چىت بىلەن قورشالغان بىر باغنىڭ ئىچىدە قارغا پۈركۈنۈپ تۇراتتى. بىر توپ بالا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مەكتەپتىن چىقىپ كەلدى. بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنى ئورۇۋېلىشقان، كۆزلىرىنى ئوقۇتقۇچىسىدىن ئۈزمەيتتى. ئۇلار چۇۋۇرلىشىپ بىر نېمىلەرنى دەيتتى، K ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا قالدى. ئوقۇتقۇچى جۇغى كىچىك، گىدىيىپ ماڭىدىغان يىگىت ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ بۇ تۇرۇقى كىشىگە ئانچە كۈلكىلىك كۆرۈنمەيىتتى. ئۇنىڭ ئۆپچۆرىسىدە بىر توپ بالىلاردىن باشقا ئادەم بولمىغاچقا، K غا يىراقتىنلا زەن قويۇپ كېلىۋاتاتتى. ياتسىراپ تۇرغان K كىشىگە قوماندانلارنى ئەسلىتىدىغان بۇ يىگىتكە ئاۋۋال سالام بەردى:

– خەيرىلىك سەھەر، مۇئەللىم.

بالىلار جىم بولۇپ قېلىشتى، تۇيۇقسىز روي بەرگەن بۇ تىمتاسلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆڭلىگە ياقتىمۇ ئەيتاۋۇر، K نىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا تەق بولۇپ تۇردى.

– قەلئەنى تاماشا قىلىۋاتامسىز؟- دەپ سورىدى ئۇ. يىگىتنىڭ تەلەپپۇزى K نىڭ ئويلىغىنىدىن يېقىملىق ئىدى، لېكىن گېپىنىڭ ئورانىدىن K نىڭ قىلىۋاتقانلىرىدىن نارازى بولۇۋاتقاندەكمۇ بىر ئىپادە چىقاتتى.

– شۇنداق،- دېدى K ،- بۇ يەرنى تازا پىششىق بىلىپ كەتمەيمەن، بۇ يەرگە تېخى ئاخشاملا كېلىشىم.

– قەلئەنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشىمامسىز؟- ئالدىراپقىنا سورىدى يىگىت.

– قانداق دەيسىز؟- قايتۇرۇپ سورىدى K . ئۇ بۇنىڭدىن سەل ھەيرانلىق ھېس قىلدى- دە، مۇلايىملىق بىلەن قايتىلاپ سورىدى،- مەندىن بۇ قەلئەنى ياخشى كۆرمەمسىز دەپ سوراۋاتامسىز؟ نېمىشقا بۇنداق سوراپ قالدىڭىز؟

– سىرىتتىن كەلگەنلەرنىڭ ھېچقاندىقى قەلئەنى ياخشى كۆرمەيدۇ،- دېدى يىگىت.

K كۆڭۈلسىز بىرەر گەپنىڭ چىقىپ قېلىشىنى خالىمىغاندەك گەپنىڭ تېمىسىنى بۇرىۋەتتى:

– سىز گرافنى تونۇمسىز؟

– تونۇمايمەن،- يىگىت شۇنداق دېگىنىچە كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭماقچى بولۇۋېدى، K ئالدىراپقىنا يەنە سورىدى:

– نېمە؟ گرافنى تونۇمايدىغان ئوخشىمامسىز؟

– مەن ئۇنى قانداقسىگە توناي؟- يىگىت بوش ئاۋازدا شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى- دە، فرانسۇز تىلىدا ئۈنلۈك قىلىپ قوشۇپ قويدى:

– گەپ- سۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، ماۋۇ سەبىي بالىلار ئاڭلاپ قالمىسۇن.

K مۇشۇنى باھانە قىلىپ يەنە سورىدى:

– سىز بىلەن باشقا كۈنى پاراڭلاشسام بولامدۇ؟ مەن بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرىمەن. بەك يالغۇزسىراپ كەتتىم. مەن دېھقان ئەمەس، بەلكىم قەلئەگە كىرىشكە لاياقىتىم توشمايدىغاندۇ.

– دېھقان بىلەن قەلئەنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇنچە چوڭ پەرق يوققۇ،- دېدى يىگىت.

– بەلكىم شۇنداقتۇر،- دېدى K،- بۇمۇ مېنىڭ ئەھۋالىمنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس. سىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلسەم بولامدۇ؟

– مەن ئاققۇ كوچىسىدىكى قاسساپنىڭ ئۆيىدە تۇرىمەن،- دېدى يىگىت.

يىگىتنىڭ بۇ گېپىدىن تەكلىپ قىلىۋاتقان بىر ئىپادە چىقمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە قوشۇپ قويدى:

– بولىدۇ، مەن چوقۇم بارىمەن.

يىگىت بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى- دە، ئاغزى بېسىقماي چۇرقىرىشىۋاتقان بالىلارنى باشلاپ يۈرۈپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي تىككىدە كەتكەن كوچىدا ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتتى.

K نىڭ قەلبىنى ئېيتقۇسىز بىر بىئارامچىلىق چۇلغۇۋالدى، بايا بولۇنغان گەپلەردىن ئۇنىڭ بىراقلا كەيپى ئۇچقانىدى. ئۇ بۇ يەرگە كەلگەننىڭياقى ئۆزىنىڭ ئوبدانلا چارچىغىنىنى تۇنجى رەت ھېس قىلدى. ئۇ شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كېلىپمۇ ئۇنچە ھارغىنلىق ھېس قىلمىغان، يولدا كەلگۈچە ئۇنىڭغا بىر خىل ھوزۇرلۇق كەيپىيات دائىما ھەمراھ بولغانىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا زىيادە بىر ھارغىنلىق يېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭغا بۇنچە ئالدىراپ ھاردۇق يەتسە بولمايتتى. ئۇ قارشى تۇرۇپ بولمايدىغان بىر خىل ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن دوست تۇتماقچى بولاتتى- يۇ، ھەر قېتىم بىرى بىلەن تونۇشقان ھامان ھاردۇقى تېخىمۇ ئاشاتتى.[1][1] لېكىن، بۈگۈنكىدەك ئەھۋالدا ئۇ زورمۇ- زور ئالدىغا ماڭسىلا، ئەدناسى قەلئەنىڭ ئادەملىرى بار جايغا بېرىۋالسا، شۇنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ ئىش ئىدى.

ئۇ شۇ ئويلارنىڭ تۈرتكىسىدە يەنە ئالدىغا سىلجىدى، لېكىن يولنىڭ ھېچ ئايىغى كۆرۈنىدىغاندەك قىلمايتتى. كەنتتىن ئۇزۇراپ بارىدىغان بۇ يول قەلئە جايلاشقان تاغقا ئۇدۇل تۇتاشمايتتى، قەلئەنىڭ يېنىغا ئاز قالغاندا، خۇددى بىرى قەستەن شۇنداق قىلىپ قويغاندەك باشقا ياققا بۇرۇلۇپ كېتەتتى- دە، ئەنە شۇ تەرىقىدە قەلئە بىلەن يىراقمۇ ئەمەس، يېقىنمۇ ئەمەس ئارىلىق تاشلاپ يىراقلارغا سوزۇلۇپ كېتەتتى. K تا ھازىرغىچە بۇ يولنى چوقۇم قەلئەگە تۇتۇشىدىغۇ دېگەن ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدىلا ئالدىنى نىشانلاپ مېڭىپ كەلگەنىدى؛ ئەمدىلىكتە ھاردۇق يەتكەندە بولسا دېلغوللۇق ئىلىكىدە تۇرۇپ قالدى- يۇ، يەنە بۇ يولدىن ئايرىلغۇسى كەلمىدى. كەنتنىڭ ھېچ ئايىغى كۆرۈنىدىغاندەك قىلمايتتى، بۇمۇ ئۇنىڭ ھەيرانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇراتتى، قەيەرگىلا قارىماڭ، زومچەك- زومچەك ئۆيلەر، مۇز تۇتۇپ كەتكەن دېرىزىلەر، دۆۋە- دۆۋە قارلار كۆزگە تاشلىناتتى، لېكىن ئادەم زاتى ئۇچرىمايتتى. ئۇ ئاخىر بولماي بۇ ئايىغى چىقماس يولنى تاشلاپ كىچىك بىر كوچىغا قايرىلدى، بۇ كوچىدىكى قار تېخىمۇ قېلىن ئىدى، ئاشۇ قېلىن قارلاردا قەدەم ئالماق خېلىلا مۈشكۈل ئىدى، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايى چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈلدى، تۇيۇقسىز قەدىمىنى توختاتتى- دە، ماڭالمايلا قالدى.

تەلىيىگە ئىككى ياقتا دېھقانلارنىڭ قاتار كەتكەن ئۆيلىرى بار ئىدى. ئۇ يەردىن بىر ئوچۇم قارنى ئالدى-دە، پوملاپ بىر دەرىزىگە قارىتىپ ئاتتى. شۇئان بىر ئىشىك ئېچىلدى، بۇ ئۇ كەنتنى ئارىلاپ يۈرگەننىڭياقى ئېچىلغان تۇنجى ئىشىك ئىدى. ئىشىكتە ئۇچىسىغا قوڭۇر رەڭلىك كۈرەك جۇۋا كىيگەن، تېنى ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەن بىر ياشانغان دېھقاننىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى، دېھقاننىڭ بېشىنى سېلىپ تۇرۇشلىرى كىشىگە بۆلەكچە يېقىملىق بىر تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى.

– ئۆيىڭىزگە كىرىپ بىردەم دېمىمىنى ئېلىۋالسام بولارمۇ؟- سورىدى K،- بەك ھېرىپ كەتتىم،- ئۇ بوۋاينىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرمايلا خوشلۇقىدا بوۋاي تاشلاپ بەرگەن تاختايغا دەسسىدى. بۇ تاختاي ئۇنى قېلىن قاردا مېڭىشنىڭ مۈشكۈلىدىن قۇتۇلدۇرغانىدى، ئۇ تاختايغا دەسسەپ نەچچە قەدەم مېڭىپلا ئۆيگە كىردى.

ئۆي تولىمۇ يوغان ھەم بەكلا قاراڭغۇ ئىدى. سىرىتتىن كىرگەن كىشى دەماللىققا ھېچنېمىنى ئىلغا قىلالمايتتى. K كىرىۋېتىپ كىر يۇغاندا ئىشلىتىلىدىغان بىر تۇڭغا پۇتلىشىپ كېتىۋېدى، بىر ئايال كاپپىدە يۆلۈۋالدى. بىر بۇلۇڭدىن كىچىك بالىنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. يەنە بىر بۇلۇڭدىن توختىماستىن كۆتۈرۈلىۋاتقان ھوردا ئەسلىدىنلا يورۇق چۈشمەيدىغان بۇ ئۆي تېخىمۇ قاراڭغۇلىشىپ كەتكەنىدى. K گويا ئۆزىنى بۇلۇتلار قاينىمىدا ئۈزۈپ يۈرگەندەك تۇيغۇدا بولدى.

– ئۇ مەست بولۇپ قاپتۇ،- دېدى بىرەيلەن.

– كىم سەن؟- دېدى بىرى قوپال ئاۋازدا، ئارقىدىن بوۋايدىن سورىدى،- ئۇنى نېمىشقا كىرگۈزدىڭىز؟ كوچىدا لاغايلاپ يۈرىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇنداق كىرگۈزىۋېرىدىغان گەپما؟

– مەن گراف جانابلىرى تەكلىپ قىلغان يەر ئۆلچىگۈچى بولىمەن،- دېدى K شۇنچە قىلىپمۇ ئىلغا قىلالمايۋاتقان كىشىلەرگە ئۆزىنى ئاقلاپ.

– ھە مۇنداق دەڭ، ئەسلىدە يەر ئۆلچىگۈچى ئىكەنسىز- دە،- دېدى بىر ئايال. ئارقىدىن ئارىنى يەنە بىر ھازا سۈكۈت قاپلىدى.

– سىلەر مېنى تونۇمسىلەر؟- سورىدى K .

– ئەلۋەتتە،- دېدى يەنە بايىقى ئايال قىسقىلا قىلىپ. ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى تونۇيدىغاندەك قىلاتتى، لېكىن ئۇلار مۇشۇ ۋەجىدىنلا ئۇنىڭغا دوستانە بولىدىغاندەك كۆرۈنمەيتتى.

قازاندىن پۇرقىراپ كۆتۈرۈلۈۋاتقان ھور تارقىدى، K نىڭ كۆز ئالدىدا ئۆينىڭ سىياقى ئاستا- ئاستا روشەنلىشىشكە باشلىدى. بۈگۈن قارىغاندا ئۆيدىكىلەر ئۈچۈن چوڭ تازىلىق قىلىدىغان كۈندەك قىلاتتى. ئىشىكنىڭ يېنىدا بىر كىشى كىر يۇيۇۋاتاتتى. لېكىن ھور ئۆينىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى، ئۇ يەرگە يوغان بىر ياغاچ تەڭلە قويۇلغانىدى، K ئۆمرىدە بۇنداق يوغان تەڭلىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى، تەڭلە ئىككى كارىۋات چوڭلۇقىدەك يوغان بولۇپ، ئىككى ئادەم شۇ تەڭلىدىكى قىزىق ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان سۇدا ھەدەپ يۇيۇنۇۋاتاتتى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بۇلۇڭدا ئىدى. ئۆينىڭ كەينى تېمىدىكى يوغان كاماردىن ئۆي ئىچىگە غۇۋا نۇر چۈشۈپ تۇراتتى، بۇ نۇر ئېنىقكى ھويلىدىن كىرىۋاتاتتى. ئاپئاق نۇر بىر ئايالنىڭ دۈمبىسىگە چۈشكەن ئىدى، ئايالنىڭ ئۇچىسىدىكى ئىگىنلىرى نۇرنىڭ يورۇقىدا تاۋاردەك پارقىرايتتى. بۇ ئايال ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا يۆلەنچۈكى ئېگىز بىر ئورۇندۇقتا ئېرىنچەكلىك بىلەن بىر بوۋاقنى ئېمىتىپ ئولتۇراتتى، چۆرىسىدە بىر نەچچە بالا ئويناپ يۈرەتتى، بىر قاراشتىلا ئۇلارنىڭ دېھقانلارنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ ئايان بولۇپ تۇراتتى. ئايالنىڭ ئۆزىنى تولىمۇ نازاكەتلىك تۇتۇپ ئولتۇرۇشلىرى بۇ ئۆيدىكىلەرگە ھېچ ئوخشىمايتتى، ئەلۋەتتە دېھقانلار ئاغرىپ قالغان ياكى چارچىغان دەملىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق سىپايە بولۇپ قالاتتى.

– ئولتۇرۇڭ!- دېدى يۇيۇنۇۋاتقان ئىككى ئەر كىشىنىڭ بىرى. ئۇ كىشىنىڭ يۈزلىرىنى قويۇق ساقال- بۇرۇت باسقان، قاچانلا قارىسا كاماردەك ئېچىلىپلا تۇرىدىغان ئاغزىدىن ھەدېسىلا خىرقىرىغان ئاۋاز چىقىپ تۇراتتى، تۇرۇقى تولىمۇ كۈلكىلىك ئىدى. ئۇ تەڭلىدىن قولىنى چىقىرىپ ئىشكاپنى ئىشارە قىلىۋېدى، قىزىق سۇ K نىڭ يۈز- كۆزلىرىگە چاچراپ كەتتى. ئىشكاپتا بايا ئۇنى ئۆيگە كىرگۈزگەن بوۋاي مۈگىدەپ ئولتۇراتتى. K ئۆزىگە ئولتۇرغۇدەك ئورۇن چىققىنىدىن خېلى مەمنۇن بولدى. ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايتتى. يۇيۇنۇش تەڭلىسىنىڭ يېنىدا ئالتۇن چاچلىق، تولغان، ياش بىر ئايال قايسىدۇر بىر ناخشىغا غىڭشىغىنىچە كىر يۇيۇپ ئولتۇراتتى. ئىككى كىشى تەڭلىنىڭ ئىچىدە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسىشىپ ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇ ياققا ئۆتۈشەتتى. بالىلار ئۇلارغا يېقىن كەلمەكچى بولاتتى- يۇ، ئۇلار چاچقان سۇنىڭ زەربىسىگە چىدىماي يەنە كەينىگە يېنىپ كېلەتتى، سۇ ھەر چېچىلغاندا K نىڭ ئۈستى- بېشىغا چاچرايتتى. يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھېلىقى ئايال مىدىر- سىدىر قىلماستىن جىممىدە ياتاتتى، ھەتتا بالىسىغا قىيا بېقىپ بىر قاراپ قويمايتتى، كۆزلىرىنى تورۇستىن ئۈزمەستىن مەڭدىگىنىچە تۇراتتى.

K جىمى گۈزەللىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ئەمما چېھرىدىن ئېيتقۇسىز بىر مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرغان بۇ ئايالغا قاراپ خېلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتى، ئولتۇرۇۋېرىپ كۆزلىرىگە ئۇيقۇ ياماشتى. ئۇ بىرسىنىڭ قاتتىق ۋارقىرىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغاندى- دە، بېشىنى يېنىدىكى بوۋاينىڭ مۈرىسىگە قويۇپ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى سەزدى. ئىككى ئەر كىشى يۇيۇنۇپ بولغان، يۇيۇنۇش تەڭلىسىنىڭ ئىچىدە بالىلار ئويناۋاتاتتى، ئالتۇن چاچلىق ھېلىقى ئايال بالىلارغا قاراپ ئولتۇراتتى. ئەر كىشى ئىگىنلىرىنى كىيىشىپ K نىڭ ئالدىدا تۇراتتى. قارىماققا ۋارقىراپ گەپ قىلىدىغان ھېلىقى ساقاللىق كىشى يەنە بىرسىگە قارىغاندا مەرتىۋىسى تۆۋەندەك قىلاتتى. يەنە بىرى جىق گەپ قىلمايدىغان، ئىنكاسى ئاستىراق كىشى بولۇپ، بويى ساقاللىق كىشىگە قارىغاندا پاكارراق، ساقىلىمۇ ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدى، چاسا يۈز، ئېيىققا ئوخشاش تەمبەل كەلگەن بۇ كىشى قاچانلا قارىسا بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەيتتى.

– يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم،- دېدى ئۇ،- بۇ يەردە ئولتۇرۇۋەرسىڭىز بولمايدۇ، ئەدەبسىزلىكىمىزنى كەچۈرۈڭ.

– مېنىڭمۇ بۇ يەردە ئولتۇرۇۋەرگۈم يوق،- دېدى K،- بىردەم دېمىمنى ئېلىۋالاي دېدىم شۇ. ھاردۇقۇممۇ چىقتى، ئەمدى ماڭاي.

– ھەجەپ مېھمان خالىمايدىغان كىشىلەر ئىكەن بۇ دەپ ھەيران قېلىۋاتىسىزغۇ دەيمەن،- دېدى ھېلىقى ئەر،- بىزنىڭ يەردە بىرسىگە مېھماندوستلۇق قىلىدىغان ئادەت يوق. بىز مېھمان خالىمايمىز.

بىردەم كۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالغاچقا، K خېلىلا تېتىكلىشىپ قالغان، ئاڭلاش سەزگۈلىرىمۇ بايامقىدىن ئۆتكۈرلىشىپ قالغانىدى، ئۇ بۇ كىشىنىڭ كۆڭۈل ئايىماي ئۇدۇل دەۋەرگەن گەپلىرىدىن كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى. ئۇ بايامقى قورۇنۇشلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھاسىسىنى قولىغا ئېلىپ ئۇياق- بۇياققا ماڭدى- دە، يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھېلىقى ئايالغا يېقىن كەلدى. ئەنە شۇندىلا ئۇنىڭ بويىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا خېلىلا ئېگىز ئىكەنلىكى ئايان بولدى.

– دېگىنىڭلارغۇ ئورۇنلۇق،- دېدى K،- دېمىسىمۇ مېھمان كۈتۈپ نېمە قىلىسىلەر؟ لېكىن، گاھىدا ماڭا ئوخشاش يەر ئۆلچەش خادىمىغا ئېھتىياجىڭلار چۈشۈپمۇ قالىدىغۇ دەيمەن.

– بۇنىسىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن،- دېدى ھېلىقى كىشى ئەزمىلىك بىلەن،- تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەندىن كېيىن، سىزگە ئېھتىياجىمىز چۈشسىمۇ چۈشكەندۇ، بۇنى دەپ ئولتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن، بىز … بىز دېگەن ئاددىي ئادەملەر، كونا قېلىپ بويىچە ئىش كۆرىمىز، ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىز.

– ياقەي،- دېدى K،- مەن تېخى ئۆزلىرىگە، مۇشۇ ئۆيدىكى ھەممەڭلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرسەم بولىدۇ.

ئويلىمىغان يەردىن، K شارتتىدە كەينىگە بۇرۇلدى- دە، ھېلىقى ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇردى. ئايال ھارغىنلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان زەڭگەر كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا ئاغدۇردى، گاز ياغلىقىنى پىشانىسىگە چۈشۈرۈپ چىگىۋالغان بۇ ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى بوۋاق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.

– سىز كىم بولىسىز؟- سورىدى K.

– مەن قەلئەدىن كەلگەن قىز،- دېدى ئايال مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن. بۇ مەنسىتمەسلىك K غا قارىتىلغانمۇ ياكى شۇ ئايالنىڭ ئۆزىگىمۇ، ھېچ بىلگىلى بولمايتتى.

ئىشلار دەقىقە ئىچىدە روي بەردى. شۇ ئەسنادا ھېلىقى ئىككى ئەر كىشى K نىڭ ئىككى بىقىنىدىن قىستاپ كەلدى- دە، گويا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئەمدى ھېچقانداق ئورنى قالمىغاندەك، لام- جىم دېمەستىن ئۇنى ئىتتىرگەن پېتى ئىشىكنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويدى. ھېلىقى بوۋاي نېمىشقىدۇر، خوشلۇقىدا چاۋاك چېلىپ كەتتى. كىر يۇيۇۋاتقان ئايالمۇ كۈلۈپ تاشلىدى، بالىلار تۇرۇپلا جىن تەگكەندەك چۇرقىرىشىپلا كېتىشتى.

K بىردەمدىلا ئۆزىنى كوچىدا كۆردى. ھېلىقى ئىككى ئەر ئىشىكتە تۇرۇپ ئۇنى كۆزەتمەكتە ئىدى. يەنە لەپىلدەپ قار يېغىشقا باشلىدى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ھاۋا خېلىلا ئوچۇق ئىدى.

– قەيەرگە بارماقچىسىز؟ ماۋۇ يول بىلەن ماڭسىڭىز قەلئەگە، ئاۋۇ يول بىلەن ماڭسىڭىز كەنتكە بارىسىز،- دېدى ساقاللىق ئەر زەردە بىلەن.

K ئۈندىمىدى، سەل ھاكاۋۇردەك قىلسىمۇ، لېكىن خېلى گەپ يەيدىغاندەك كۆرۈنىدىغان يەنە بىر ئەرگە دېدى:

– ئىسمىڭىزنى سورىۋالاي. بايا كۆپ ئاۋارە قىلدىم، شۇڭا كىمگە رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنى بىلىۋالسام دەيمەن.

-مەن تېرە ئۇستىسى لېيىزمەن بولىمەن،- دەپ جاۋاب بەردى ئەر،- بىرەرسىگە رەھمەت ئېيتىپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

– بولىدۇ،- دېدى K،- كېيىنچە يەنە كۆرۈشەرمىز.

– ئۇنداق بولماسمىكىن،- دېدى ئۇ كىشى.

شۇ ئەسنادا ساقاللىق ئەر چاۋاك چېلىپ: «قاراڭلار، ئارتۇر بىلەن جېرمىيا كېلىۋاتىدۇ» دەپ ۋارقىراپلا كەتتى. K كەينىگە بۇرۇلدى، بۇ گەپچە كەنتنىڭ تار كوچىسىدا ھەر ھالدا كۆزىگە ئادەم چېلىققان ئىدى! قەلئە تەرەپتىن ئوتتۇرا بوي، ئۈستىگە بەدىنىنى سىقىپ تۇرىدىغان كىيىم كىيىۋالغان، قوناق شېخىدەك ئورۇق، ئېگىز ئىككى يىگىت كېلىۋاتاتتى، ئىككىسىنىڭ چىرايى بەكلا ئوخشىشىپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ چىرايلىرى بۇغداي ئۆڭدە بولۇپ، قاپقارا ئۆچكە ساقىلى بۆلەكچە گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق يولدىمۇ شادىپاچاق پۇتلىرىنى تېز- تېز يۆتكەپ مېڭىشلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى.

– نېمە ئىش بىلەن ماڭدىڭلار؟- ۋارقىرىدى ساقاللىق ئەر. ئۇلارنىڭ قەدەم ئېلىشلىرى بەك تېز بولغاچقا، مۇشۇنداق ۋارقىراپ گەپ قىلمىسا گەپنى ئاڭلاتقىلى بولمايتتى.

– ھۆكۈمەت ئىشى،- دېدى ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋازدا كۈلۈشۈپ تۇرۇپ.

– نەگە بارىسىلەر؟

– سارايغا.

– مەنمۇ شۇ يەرگە باراتتىم،- ۋارقىراپ تاشلىدى K، ئۇنىڭ ئاۋازى ھەممەيلەننى بېسىپ چۈشتى. ئۇنىڭ ئۇلار بىلەن شۇنچىلىك بىللە ماڭغۇسى بار ئىدى، ئۇلار بىلەن تونۇشسا ئۆزىگە ھېچقانچىلىك پايدىسى تەگمەيدىغانلىقى بىلىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ بولالايتتى. ئۇلار K نىڭ گېپىنى ئاڭلاپ باشلىرىنى لىڭشىتىپ قويۇپلا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كېتىپ قېلىشتى.

K مېڭىش تەس كېلىۋاتقاندەك، قارنى كېچىپ خېلىغىچە تۇرۇپ كەتتى. تېرە ئۇستىسى بىلەن ئۇنىڭ ھەمرىيى K نى كەتكۈزۈۋەتكىنىدىن مەمنۇن بولۇشۇپ بىر قانىتى قىيا ئېچىقلىق تۇرغان ئىشىكتىن يېنىچە كىرىپ كېتىشتى، ئۇلار كىرىپ كېتىۋېتىپ تۇرۇپ- تۇرۇپ قايرىلىپ K غا قاراپ قوياتتى. K ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تالادا ئۆزى يالغۇز جىممىدە تۇراتتى. «بۇ يەردە ھەجەپ مەقسەتسىزلا تۇرۇپ كەتتىميا، بۇ ئەجىبا بىرەر ئۈمىدسىزلىكنىڭ باشلىنىشى ئەمەستۇر- ھە!» دېگەنلەرنى خىيال ئېكرانىدىن ئۆتكۈزدى.

شۇ ئەسنادا سول تەرەپتىكى بىر كەپىنىڭ دېرىزىسى ئېچىلدى، قاردىن قايتقان ئەكس نۇرنىڭ سەۋەبىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، يېپىقلىق چاغدا تۇم كۆك كۆرۈنىدىغان بۇ كىچىك دېرىزە ئېچىلىشى بىلەن تالاغا قاراپ تۇرغان بىر كىشىنىڭ چىرايى كۆرۈندى، لېكىن ئوچۇق ئەمەس ئىدى، پەقەت بىر بوۋاينىڭ پىلدىرلاپ قالغان قوڭۇر كۆزلىرىنىلا ئىلغا قىلغىلى بولاتتى.

– ئۇ ئاۋۇ يەردە تۇرىدۇ،- K بىر ئايالنىڭ تىترەك ئاۋازدا شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.

– ئۇ دېگەن يەر ئۆلچىگۈچى،- دېدى يەنە بىر ئەر. ئارقىدىن گەپ قىلغان ھېلىقى ئەر دەرىزە ئالدىغا كېلىپ:

كىمنى ساقلاۋاتىسىز؟- دەپ سورىدى. ئەرنىڭ سوئال سورىغاندىكى تەلەپپۇزىمۇ ئۇنچە دوستانە ئەمەس ئىدى، گېپىنىڭ ئورانىدىن ئۆز ئىشىكىنىڭ ئالدىدا بىرەر ئىش يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقاندەك بىر ئىپادە چىقاتتى.

– بىرەر چانا كېلىپ قالسا شۇنىڭغا چىقىپ كېتىۋالايمىكىن دەپ تۇرىمەن،- دېدى K .

– بۇ يەردىن چانا ماڭمايدۇ،- دېدى ھېلىقى كىشى.

– بۇ دېگەن قەلئەگە بارىدىغان چوڭ يول تۇرسا، قانداقسىگە چانا ماڭمايدۇ؟- سورىدى K ئەجەبسىنىپ.

– سىز ئۇنداق دېگەن بىلەن . . . لېكىن . . .- ئەر تىلىنى چاينىدى،- بۇ يەردە ماشىنا ماڭمايدۇ. ئۇلار شۇنداق دەپلا جىممىدە تۇرۇۋېلىشتى. لېكىن، ھېلىقى ئەر نېمىدۇر بىر نەرسىنى ئويلاۋاتقاندەك، قويۇق ھور ئۆرلەپ تۇرغان دەرىزىنى يېپىۋەتمىدى.

– بۇ يولدا ماڭماق بەك تەسكەن،- دېدى K ئۇنىڭ ئاغزىنى تاتىلاپ. لېكىن ھېلىقى ئەر:«توغرا، توغرا دېدىڭىز» دېگەندىن باشقا گەپ قىلمىدى.

ئەر بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن تەستە ئېغىز ئاچتى:

– ئەگەر خالىسىڭىز، سىزنى چانام بىلەن ئاپىرىپ قوياي.

– بولسا شۇنداق قىلىڭە،- دېدى K ھاياجان بىلەن،- قانچە پۇل ئالىسىز؟

– بىر تىيىنمۇ ئالمايمەن،- دېدى ئەر. K تولىمۇ ھەيران قالدى.

– سىز دېگەن يەر ئۆلچەش خادىمى،- دېدى ئەر چۈشەنچە بېرىپ،- قەلئەنىڭ ئادىمى. قەيەرگە بارماقچىدىڭىز؟

– قەلئەگە باراتتىم دېدى K ئالدىراپ.

– ئەمىسە ئۇ يەرگە بارالمىغۇدەكمەن،- دېدى ئەر دەرھاللا.

– مەن دېگەن قەلئەنىڭ ئادىمى تۇرسام،- دېدى K ئەر دېگەن گەپنى تەكرارلاپ.

– بەلكىم شۇنداقتۇر،- دېدى ئەر سوغۇق تەلەت بىلەن.

– ئەمىسە مېنى سارايغا ئاپىرىپ قويۇڭ،- دېدى K .

– بولىدۇ،- دېدى ئەر،- مەن بېرىپ چانىنى سۆرەپ كېلەي.

ئەرنىڭ گەپ- سۆزلىرى ئادەمنىڭ زەردىسىنى قاينىتاتتى، ئۇچىغا چىققان بىر شەخسىيەتچىلىك بىلىنىپ تۇراتتى، گويا نېمىدۇر بىرنەرسىدىن تەشۋىشلىنىۋاتقاندەك، ئېھتىيات قىلىۋاتقاندەك، K نى ئىشىكى ئالدىدىن تېزراق كەتكۈزۈۋەتمەكچى بولۇۋاتقاندەك بىر ئىپادە چىقاتتى.

ھويلا ئىشىكى ئېچىلىپ، ئەپچىلگىنە چانا قېتىلغان، ئورۇقلۇقىدىن ئاران قالغان بىر تايچاق چىقىپ كەلدى. چانا تولىمۇ ئاددىي ئىدى، ئولتۇرغۇدەك ئورۇنمۇ يوق ئىدى، ھېلىقى ئەر دۈمچىيىپ، ھېلىدىن- ھېلىغا ئاقساپ، تولىمۇ كۈچىسز بىر ھالەتتە چانىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلەتتى؛ ئەرنىڭ ياغاق يۈزلىرى قاچانلا قارىسا قىزىرىپلا تۇراتتى، زۇكامدىن دىمىقى پۈتۈپ قالغاچقىمىكىن، يۇڭ شارپا بىلەن بېشىنى چىڭڭىدە يۆگىۋالغانىدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا قوشۇقتەك يۈزلىرى تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. ئەرنىڭ مىجەزى يوقلۇقى بىر قاراشتىلا بىلىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن K نى ئىشىكى ئالدىدىن كەتكۈزۈۋېتىش ئۈچۈنلا ئۆيىدىن چىققانلىقى مانا مەن دەپلا تۇراتتى. K بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجالەت بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىۋېدى، ئەر قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ گەپ قىلماسلىقنى ئىشارە قىلدى. K بۇ كىشىنىڭ پەيتۇنكەش گرېستاكېر ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى. باشقا چانىلارنى ھەيدەپ چىقىش ئۈچۈن جىق ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئاتقا قېتىقلىق بۇ تەييار چانىنى ھەيدەپلا چىققانىدى.

–        قېنى چىقىپ ئولتۇرۇڭ،- دېدى ئۇ قامچىسى بىلەن چانىسىنى ئىما قىلىپ.

–        مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا ئولتۇراي،- دېدى K .

–        مەن پىيادە ماڭىمەن،- دېدى گرېستاكېر.

–        نېمىشقا ئەمدى؟- سورىدى K.

-پىيادىلا ماڭاي،- تەكرارلىدى گرېستاكېر ۋە يۆتىلىپ كەتتى، ئۇ شۇنچىلىك قاتتىق يۆتەلدىكى گەۋدىسى گويا ياپراقتەك تىتىرىدى، بولالماي قارغا ئىككى تىزى بىلەنلا يۈكۈندى- دە، قوللىرى بىلەن چانىنىڭ يېنىنى تۇتۇۋالدى. K گەپمۇ قىلماستىن چانىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇراتتى. ئەرنىڭ يۆتۈلۈشلىرىمۇ ئاستا- ئاتا پەسەيدى، ئۇلارمۇ چانىنى ھەيدەپ يۈرۈپ كېتىشتى.

تاغ ئۈستىگە جايلاشقان قەلئە – K ئولتۇرسا- قوپسا بېرىشنى ئويلايدىغان جاي– تۇرۇپلا غۇۋالاشتى، كۆزدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كەتتى. شۇ ئەسنادا قەلئەدىن سائەتنىڭ يېقىملىق داڭ ئۇرغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ ئاۋاز گويا ئۇنىڭغا ۋاقىتىنچە ۋىدالىشىش سىگنالى بېرىلگەندەك تۇيۇلدى، ئىچكى دۇنيارىنى دەقىقە ئىچىدە لەرزىگە سېلىپ ئۆتتى، غۇۋا بىر ئىستەك ئىلىكىدە يېلىنجاۋاتقان قەلبى گويا ھېلىلا بىرەر كېلىشمەسلىك بولىدىغاندەك ئازاب ئىچىدە ئۆرتەندى. سائەتنىڭ داڭ ئۇرغان ئاۋازى ھايال ئۆتمەي تولىمۇ ئاجىز، يېقىمسىز قوڭغۇراق ئاۋازىغا ئالماشتى، بۇ ئاۋاز يەنە شۇ قەلئەدىن كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى، ئەمما كەنتتىن كېلىۋاتامدۇ؟ بۇنىڭغىمۇ بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى. بۇ ئاۋاز چانا قوشۇلغان ئاتنى تولىمۇ ئاستا يېتىلەپ كېتىۋاتقان بۇ بىچارە، ئەمما رەھىمسىز ھارۋىكەشكە تەڭكەش قىلىنىۋاتقاندەك ئىدى.

-مەن سىزگە دېسەم،- دېدى K تۇيۇقسىزلا، ئۇلار چېركاۋغا يېقىنلا كېلىپ قالغان، سارايغىمۇ ئۇزۇن قالمىغانىدى، شۇڭا ئۇ قورقمايلا ئېغىز ئاچتى،- بىر ئىشقا ھەيران قالدىم، سىز مېنى ھېلىمۇ شۇنچە يەردىن چانىغا سېلىپ ئەكېلىپ قويدىڭىز، بۇنداق قىلسىڭىز باشقىلار گەپ قىلمامدۇ؟

گرېستاكېر ئۇنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماي، ئاتقا ياندىشىپ مېڭىۋەردى. K «ھەي!» دەپ ۋارقىرىغىنىچە چانا ئۈستىدىكى قاردىن بىر سىقىم ئالدى- دە، پوملاپ گرېستاكېرغا قارىتىپ ئېتىۋېدى، دەل ئۇنىڭ قۇلىقىغا تەگدى. ئۇ ئەنە شۇندىلا قەدىمىنى توختىتىپ كەينىگە بۇرۇلدى. K ئۇنى تولىمۇ يېقىندىن كۆردى، ئۇنىڭ مۈكچىيىپ يادەك ئېگىلگەن گەۋدىسىدىن خېلى ئوبدانلا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى، جۈدەپ قوشۇقتەكلا بولۇپ قالغان قىزغۇچ يۈزلىرىگە ھارغىنلىق ئالامەتلىرى ئىز سالغانىدى، ئىككى مەڭزى نېمىشقىدۇر بىرى ئويمان، بىرى پولتىيىپ چىققانىدى، يوغان ئېچىلغان ئاغزىدىن شالاڭ چىشلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇ شۇ تۇرۇقىدا K نى نېمە دەركىن دېگەن بىر تەرىزدە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ تۇرۇقىنى كۆرگەن K نىڭ قەلبىدە ئېيىتقۇسىز بىر ئىچ ئاغرىتىش دولقۇنلىدى- دە، ئاۋازىغا ھېسداشلىق تۈسى بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چانا بىلەن ئەكېلىپ قويغىنى ئۈچۈن جازاغا ئۇچرايدىغان- ئۇچرىمايدىغانلىقىنى سورىدى.

-نېمە دېمەكچىسىز؟- گرېستاكېر گەپنى ئاڭقىرالماي شۇنداق دەپ سورىدى ، لېكىن K نىڭ قايتا چۈشەنچە بېرىشىنى كۈتمەيلا ئاتنى دىۋىتتى- دە، ئالدىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.


ئاپتور بۇ يەردىكى جۈملە ۋە ئابزاسلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. بۇ مەزمۇنلارنى كىتابنىڭ كەينىگە بېرىلگەن قوشۇمچىدىن كۆرۈۋېلىڭ. كېيىنكىسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش.

]]>
?feed=rss2&p=10262 4
ۋارگاس لوسا بىلەن ئىككى قېتىملىق سۆھبەت (1) ?p=10640 ?p=10640#respond Wed, 06 Jun 2012 02:50:33 +0000 ?p=10640 يېزىقچىلىقنى مەڭگۈ تاشلىمايمەن

ـــ ۋارگاس لوسا بىلەن ئىككى قېتىملىق سۆھبەت

جاۋ دېمىڭ

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

مارىيو ۋارگاس لوسا (Mario Vargas Lisa,1936-) پىرۇلۇق يازغۇچى، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى «پارتلىما ئەدەبىيات» نىڭ سەركەردىلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى بەكلا كەڭ بولۇپ، رېئالىزملىق پروزا ئىجادىيىتى ئىسلاھاتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئەسەرلىرى قۇرۇلما جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا، ئادەتتە ئۇ قۇرۇلمچىلىق رېئالىستىك يازغۇچى دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ يالغۇز ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ماھىر بولۇپلا قالماي، يەنە سىياسىي ئىرادىسىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. 1990- يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە مەغلۇپ بولۇش ئۇنىڭغا بەكلا ئېغىر كەلگەچكە، 1993- يىلىدىن باشلاپ ئىسپانىيەگە كۆچمەن بولغان ۋە شۇ دۆلەتنىڭ گىراژدانلىقىغا (قوش دۆلەت گىراژدانى) ئۆتكەن. ئۇ ئادەتتە لوندوندا تۇرىدۇ. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «شەھەر ۋە ئىت»، «يېشىل ئۆي»، «قاۋاقتىكى تۈگىمەس پاراڭ»، «خۇلىيا ھاممام ۋە يازغۇچى»، «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» قاتارلىقلار بار.

ئۇزۇن يىللىق زىيارەت نىشانىم بولغان مارىيو ۋارگاس لوسا بىلەن ئۇ 90- يىللاردا ئېلىمىزنى زىيارەت قىلغاندا (1994- يىل 12- ئىيۇل) تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشتۈم. ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن كۈنى ھېلىمۇ شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە، چۈنكى ئۇ كۈنى مېنىڭ چوڭ ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ شاھ ئوردىسى مېھمانخانىسىدا كۆرۈشتۈم. تازا پۇخادىن چىقمىدۇقمۇ قانداق، كېلەر يىلى يەنە سۆھبەتلىشىشكە كېلىشتۇق. 1995- يىلى ئۆكتەبىردە مۇرسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان «ۋارگاس لوسا ئەسەرلىرى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى» قاتنىشىش ئۈچۈن ئىسپانىيەگە باردىم. تەلىيىمگە، لوسا بىلەن بىر مېھمانخانىغا چۈشكەن ئىكەنمەن. شۇنىڭ بىلەن بىز جۇڭگۇدا چالا قالغان سۆھبىتىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇردۇق؛ ئىككى قېتىم ناشتا ۋاقتىدا، بىر قېتىم چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا پاراڭلاشتۇق.

1. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى مەسىلىسى ھەققىدە

جاۋ دېمىڭ (تۆۋەندە قىسقارتىپ «جاۋ» دەپ ئېلىنىدۇ): غەرب گېزىت- ژۇرناللىرىدىكى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، سىزنىڭ مۇشۇ بىر- ئىككى يىل ئىچىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقىڭىز بار ئىكەن. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
لوسا: مېنىڭچە، بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، مېنىڭ سىياسىيىغا مايىللىقىم بەك كۈچلۈك. شىۋېتسىيە باھالاش- مۇكاپاتلاش كومىتېتى سىياسىيغا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىياسىيغا مايىل يازغۇچىلار مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ.
جاۋ: لېكىن، بىر مۇنچە مىساللار باھالاش- مۇكاپاتلاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئەسلىدىنلا سىياسىيغا مايىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى!
لوسا: دېگىنىڭىز توغرا، بۇ جەھەتتە ئەھۋال سەل مۇرەككەپ. كىم بىلسۇن، ياۋروپا ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرمۇ مېنىڭ نامزاتلار قاتارىغا كىرگەنلىكىمنى ئېيتىپتۇ. ئىشقىلىپ، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقانلىق سالاھىيىتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمگە توسالغۇ بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. راستىنى دېسەم، مېنىڭ بۇ ئىشنى بەك ئويلىغۇم يوق. بۇنى خىيالىمغا بەك كىرگۈزۈۋالسام، ئىجادىيىتىمنى داۋاملاشتۇرالماي قالىدىكەنمەن. كىشىنى تېخىمۇ چۆچۈتىدىغىنى، جۇڭگۇغا ئوخشاش شۇ قەدەر مەدەنىيەتلىك چوڭ دۆلەتتىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلار چىقمىدى. بۇ ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدۇ، بۇنى ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك دېمەي بولمايدۇ! مەن جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئوقۇدۇم. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. ئالايلۇق، ۋاڭ مېڭنىڭ بەزى ھېكايىلىرى، بېي داۋنىڭ شېئىرلىرى دېگەندەك.

2. يازغۇچىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشى ھەققىدە

جاۋ: يازغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيەلىنىش كونكرېت قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؟ بۇنى ئۆز تەجرىبىڭىزگە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ باقسىڭىز.
لوسا: كونكرېت ئەھۋالىمغا نىسبەتەن ئېيتسام، مەن بەك كەڭ دائىرىدە كىتاب ئوقۇيمەن، ئەدەبىيات، پەلسەپە، تارىخ، تېئولوگىيە، سەنئەت، تىلشۇناسلىق، پىسخولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئازدۇر- كۆپتۇر بولسىمۇ كىتاب كۆرگەنمەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئەسلىدىنلا قىزىقاتتىم؛ بەزىلىرىنى زۆرۈر دەرسلىك سۈپىتىدە ئۆگەنگەن، كۆرمىسەممۇ بولمايتتى. ماقالە، ھېكايە، ئاخبارات ئەسەرلىرى، كىتاب ئوقۇش تەسىراتى، تارىخقا قىسقىچە باھا، فىليەتۇن دېگەندەك ھەر خىل ژانېردىكى نەرسىلەرنى يېزىشمۇ مېنىڭ بىر ئادىتىم. مەن يەنە قەبرە تەزكىرىسى، كىتاب كاتالوگى دېگەندەك نەرسىلەرنىمۇ كۆچۈرۈپ باققان. ئويلىمىغاندا، بۇلارنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىمگە جىق پايدىسى بولدى. 1958- يىلى پارىژغا بېرىپ نەزەر دائىرەم كېڭەيدى. پارىژ مەن ئۈچۈن ئوقۇشقا، يېزىقچىلىق قىلىشقا ۋە ياشاشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەردەك تۇيۇلدى. چۈنكى پارىژنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتى مېنى بەكلا جەلپ قىلىۋالغانىدى. كېيىن فرانسىيەگە يەنە بىر قېتىم بارغىنىمدا ھەممە نەرسە پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم. پارىژدا جاپالىق ئىشلەپ تۇرۇپ ياشاش، ئىجادىيەت قىلىش بەكلا تەس ئىش ئىدى!
جاۋ: 1958- يىلى پارىژغا مۇكاپات ئالغىلى بېرىپسىز. 1960- يىلى بولسا ئىشلىگىلى بېرىپسىز. سالاھىيىتىڭىزمۇ، سەرگۈزەشتىڭىزمۇ ئوخشىمغاندىكىن، تۇيغۇڭىزمۇ ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ- دە. «سۇدىكى بېلىق» دېگەن ئەسلىمىڭىزدە بۇنى تىلغا ئاپتىكەنسىز. شۇ يادىڭىزدا بارمۇ؟
لوسا: يادىمدا بار. بۇ ماڭا 50 يىلدىن بېرى ئوڭۇشسىزلىققا تولغان تۇرمۇشۇمنى ئەسلىتىدۇ. مەن دەل شۇ ئارقىلىق ئىرادەمنى، خاراكتېرىمنى تاۋلىدىم دېسەممۇ بولىدۇ.

3. ئەدەبىي تالانت ھەققىدە

جاۋ: ئەدەبىي تالانتقا قانداق قارايسىز؟ ئەدەبىي تالانت بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچىدا كەم بولسا بولمايدىغان شەرتمۇ؟
لوسا: ئەدەبىي تالانت تۇغما بولمايدۇ، بەلكى تاۋلىنىش جەريانىدا پەيدا بولىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم ئالدى بىلەن رېئاللىقتىن نارازى بولىدىغان، گۈزەل غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن. رېئاللىق بىلەن ئۇنىڭ غايىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بەك يىراق بولغاچقىلا ئۇ ئەدەبىيات ئارقىلىق بىر بەدىئىي دۇنيا يارىتىپ، رېئاللىقتىكى پاسكىنىچىلىقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىماقچى، بەدىئىي تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق رېئاللىقتىكى بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بولىدۇ. مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرى مول ھەم ئالاھىدە بولىدۇ، باشقىلار بۇنى ئالدىراپ دورىيالمايدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنىڭ يۆنىلىشى ھەمىشە رېئاللىق بىلەن قارىمۇقارشى بولىدۇ. دونكىخوتنىڭ چاقپەلەك بىلەن بىلەن ئېلىشىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. باشقىچە ئېيتقاندا، مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى بىھۇدە ئۇرۇنۇش، ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان ئىشلارنى ئويلاشتۇر. كافكا دەل بۇنىڭ ئۈلگىسى. ئادەتتىكى يازغۇچىلار ھەمىشە ئاتالمىش تۇرمۇش چىنلىقىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ.

4. ئەدەبىياتنىڭ جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسى ھەققىدە

جاۋ: 30 نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىجادىيىتىڭىز ـــ «شەھەر ۋە ئىت» نىڭ تىغ ئۇچى فاشىستىك مىلىتارىزمغا قارىتىلىپ، بۇرژۇئازىيە ئارمىيەسىدىكى شەرمەندىلىكلەر چوڭقۇر پاش قىلىنغان. سىز شۇ چاغدا سارتىرىنىڭ «ئەدەبىياتنىڭ جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسى» ھەققىدىكى نەزەرىيەلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپتىكەنسىز. سىز ھازىرمۇ شۇنداق كۆز قاراشتىمۇ؟
لوسا: ياش ۋاقتىمدا سارتىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، «ئەدەبىيات تارىخ تەرەققىياتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، شۇڭا ئەدەبىياتنى قورال قىلىپ تۇرۇپ رېئاللىقتىكى شەرمەندىلىكلەرنى پاش قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش كېرەك» دېگەن ساددىلارچە كۆز قاراشنىڭ تۈرتكىسىدە «شەھەر ۋە ئىت»، «يېشىل ئۆي» دېگەندەك ئەسەرلەرنى يازدىم. ھازىر ئەدەبىياتنىڭ بۇنداق سىياسىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالمايدىغانلىقى ھەممە ئادەمگە ئايان بولدى. لېكىن، ئەدەبىيات ئالىي دەرىجىلىك كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇمى ئەمەس، روھىي جەھەتتىكى ئويۇنمۇ ئەمەس. ئەدەبىيات ئادەملەردە قەلب يارىتالايدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىنىمۇ ئويغىتالايدۇ. مېنىڭ خاراكتېرىممۇ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇڭا، يۇقارقىلار ئەدەبىياتنىڭ ئورنىنى ئالالمىسىمۇ لېكىن، يازغۇچىلار ئىجادىيەت قىلغاندا جەمئىيەت، سىياسىي ۋە روھىي ئەخلاق مەسىلىسىنى ئويلىماي تۇرالمايدۇ.
جاۋ: سىز بايا بەزى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئىزچىل خاراكتېرىڭىزگە تەسىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتىڭىز. مۇشۇ ھەقتە يەنىمۇ كونكرېتراق سۆزلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟
لوسا: بولىدۇ. مەن سارتىرى، فولكىنېر، ھېمىڭۋاي، فىتزگېرالد ۋە دوس پاسسوسنىڭ ئەسەرلىرىنى بۆلەكچە ياخشى كۆرىمەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە فولكىنېرنىڭ ئەسەرلىرىگ ھەممىدىن ئامراق. ئۇ مەن ئەسەرلىرىنى قولۇمغا قەغەز- قەلەم ئېلىپ تۇرۇپ ئوقۇغان تۇنجى يازغۇچى، چۈنكى ئۇنىڭ بەدىئىي ماھارىتى كۆزۈمنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتىدۇ. ئۇ يەنە قەلبىمدە ئەسەرلىرىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ باقىدىغان تۇنجى يازغۇچى. بۇرۇن مەن: «ئۇ ئەسەر يازىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇننى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلايتتىم، يەنە تېخى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە بايان نۇقتىسى بىلەن سىرلىق، تۇتۇق كەيپىياتنى يارىتىشتا قانداق ۋاستە قوللىنىدىغانلىقىنىمۇ تەتقىق قىلىپ باققانىدىم. راستىنى دېسەم، فولكىنېردىن بىر يۈرۈش بايان قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالالايسىز.
جاۋ: لېكىن سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچىڭىزنىڭ بورخىس ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدىڭىز. سىز يەنە: «ئەگەر ماڭا پەقەت بىرلا يازغۇچىنى تاللايسەن دېسە، ئۇنداقتا بورخىسنى تاللىغان بولاتتىم» دەپتىكەنسىز. بۇ، بايىقى گېپىڭىز بىلەن زىت بولۇپ قالدىمۇ- قانداق؟
لوسا: (كۈلكە) ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى فولكىنېر بىلەن بورخىسنىڭ ھەر ئىككىلىسى تەڭداشسىز، ئۇلار بىر- بىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. بولۇپمۇ 20- ئەسىردىكى ئەدەبىيات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا مەيلى كەڭ دائىرىلىك مەدەنىيەت بىلىمى بولسۇن ياكى ئۆزگىچە بەدىئىي تەسەۋۋۇرى بولسۇن، بورخىسنىڭ تەڭدېشى تېپىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئەدەبىي تىل جەھەتتىكى غايەت زور تۆھپىسىنى تەڭداشسىز دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئىسپان تىلىنىڭ ئەنئەنىۋىلىكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جانلىق، ئىخچام، مول بولغان بەدىئىي ئۇسلۇب ياراتتى. ئىدىيەۋى مەزمۇن جەھەتتە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مەزمۇننىڭ موللىقى، تىرەنلىكى ۋە پاراسەت بىلەن تويۇنغانلىقى ئىسپان تىلى ئەدەبىياتىدا ئاز كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە جەمئىيەتكىلا كۆڭۈل بۆلۈنۈپلا قالماي، ئىنسانلارنىڭ ھايات- ماماتى، ھەتتا بەزى ئالەملىك مەسىلىلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈنگەن. ئۇنىڭ ۋەدىسى بۈيۈك ۋەدە، بۈيۈك غەمخورلۇق؛ ھەرگىزمۇ پارتىيە- گورۇھلارنىلا كۆزدە تۇتقان ۋەدە، غەمخورلۇق ئەمەس. ئۇ ئىنسانلارنى پۈتكۈل يەرشارى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ كۆزىتىدۇ.
جاۋ: ئوكتاۋىئو پازنى سىزمۇ بەك چوڭ بىلىدىكەنسىز – ھە؟
لوسا: (قاقاھلاپ كۈلۈش) توغرا، توغرا دېدىڭىز. پاز مەن ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان كاتتا يازغۇچى. ئۇ يالغۇز بۈيۈك شائىرلا ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ نەسىرچى. ئۇنىڭ نەسىرلىرى مەيلى سىياسىي، سەنئەت ياكى ئەدەبىيات جەھەتتە بولسۇن، كىشىگە ناھايىتى زور ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىچە بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ئەدەبىيات، سەنئەت، سىياسىي، پەلسەپە، تارىخ تەتقىقاتى ۋە تەپەككۇرى ئىچىدە ئەكىس ئېتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالەم مەسىلىلىرىگە بولغان قىزىقىشىمۇ بەك كۈچلۈك. مەن پازنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەمىشە ناھايىتى زور قىزىقىش ۋە خۇشاللىق ئىلىكىدە ئوقۇيمەن.
جاۋ: پاز بىلەن بولغان دوستلۇقىڭىز ناھايىتى چوڭقۇردەك قىلامدۇ نېمە؟
لوسا: شۇنداق. ئىككىمىزنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى نۇرغۇن قاراشلىرىمىز ئوخشىشىپ كېتىدۇ ياكى يېقىنلىشىپ قالىدۇ. 1990- يىلى پىرۇنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان چېغىمدا ئۇنىڭدىن نەچچە قېتىم پىكىر ئالغانىدىم. دەسلەپتە ئۇ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشىمغا قوشۇلمىدى، «يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى غايىسى، ئىنتىلىشى بىلەن سىياسىيوننىڭ جەمئىيەتتىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈشى تامامەن ئوخشىمايدۇ. ئەدىبلەرگە خاس قىزغىنلىق بىلەن رەھىمسىز سىياسىي رېئاللىقنى ھەل قىلىمەن دېيىش ـــ دونكىخوتنىڭ چاقىپەلەك بىلەن ئېلىشقىنىغا ئوخشاش مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ» دېدى. مەن تۇنجى قېتىملىق سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ مېنى «ھەرگىز بوشاشماڭ» دەپ رىغبەتلەندۈردى. ئىككىنچى قېتىملىق سايلامدا مەغلۇپ بولدۇم. ئۇ بۇنىڭدىن بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى ۋە مېنىڭ ئەدەبىيات قوشۇنىغا قايتىپ كەلگەنلىكىمنى تەبرىكلىدى.

5. ئەدەبىيات ئىجتىمائىي رېئاللىقنى قانداق ئەكىس ئەتتۈرىدۇ؟

جاۋ: سىز بېشىڭىزدىن ئۆتكەن، ئۆزىڭىزگە تونۇش بولغان نۇرغۇن تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرىنى يېزىپ چىقتىڭىز. مەسىلەن، «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» ناملىق ئەسىرىڭىزدە تەسۋىرلەنگەن ئىشلار 19- ئەسىردە بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمال رايونلىرىنىڭ مەركىزىدە يۈز بەرگەنىكەن. سىز بۇ بۈيۈك ئەسىرىڭىزنىمۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەلىك يېزىپ چىقىپسىز. مۇشۇ ئەسىرىڭىزنى ئىجاد قىلىش جەريانىڭىز ۋە ھېس- تۇيغۇلىرىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز؟
لوسا: بولىدۇ. «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» ـــ مەن تۇنجى قېتىم باشقا دۆلەتنى، تىلى ئىسپان تىلى بولمىغان بىر دۆلەتنىڭ تارىخىي ۋەقەلىكلىرىنى تەسۋىرلىگەن ئەسەر. بۇ مەن ئۈچۈن بىر تەۋەككۈلچىلىك بولدى، مېنى غىدىقلىدى. بولۇپمۇ ئەسەردىكى بىر قانچە پېرسۇناژنىڭ تەۋەككۈلچىلىكلىرى بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قېلىشلىرى مېنى ئاجايىپ ھاياجانغا سالىدۇ. بۇمۇ ئىجادىيەتتىكى بىر خىل ئىلھامدۇر. جىق ماتېرىياللارنى كۆرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ بىرازىلىيەنىڭ بۈيۈك يازغۇچىسى كۇنخانىڭ «مەركىزىي رايون» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىشقا كىرىشىپ كەتتىم. يېزىپ ئىككى يىل بولغاندا، قىيىنچىلىقلار كۆپەيگىلى تۇردى، ئىشەنچىممۇ يوقاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بىرازىلىيەگە بېرىپ، پۈتكۈل مەركىزىي رايوننى ئايلىنىپ چىقتىم. بۇ ساياھەت مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىدى. مۇشۇ ساياھەت يازماقچى بولغان ئەسىرىمنىڭ ۋەقەلىكلىرىنى ئىسپاتلاپ بەردى ھەم مېنى نۇرغۇن ئۇلانما تەسەۋۋۇر ئىچىگە سۆرەپ كىردى.
جاۋ: كەچۈرۈڭ، گېپىڭىزنى بۆلۈۋېتىدىغان بولدۇم. سىز ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرگە: «‹قىيامەتتىكى ئۇرۇش› ـــ ئەسلىدە رېژىسور لۇيى گېرانىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن يېزىلغان كىنو سىنارىيەسى ئىدى» دەپتىكەنسىز. سىز دېگەن ئاشۇ سىنارىيە بىلەن كېيىن يازغان رومانىڭىزنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
لوسا: بۇ مۇنداق ئىش: لۇيى گېرا ئەسلىدە كانۇدوس ئۇرۇشى ھەققىدىكى ۋەقەلىكنى كىنو قىلىپ ئىشلىمەكچى بولغانىدى. لېكىن، مەن بىرازىلىيەدىكى بۇ دېھقانلار قوزغىلىڭى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتىم. كېيىن ماتېرىيال كۆرۈپ، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلەرنى تۆت قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ قورشاپ يوقاتقانلىقىدىن، 1897- يىلى ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەك ۋە مىلتىق بىلەن قوراللانغان 6000 كىشىلىك مۇنتىزم قوشۇن چىقىرىپ، 3000 كىشىلىك «خىرىستىيان دىنى ئۈچۈن دۇنيانى قۇتقۇزۇش» ئۇرۇشى قىلىۋاتقان قوزغىلاڭچى قوشۇننى قانلىق قىرغىن قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. كۆرۈنۈش بەك چوڭ، پېرسۇناژلار بەك كۆپ ئىدى، سۈرەتكە ئېلىش ناھايىتى تەسكە چۈشەتتى. لېكىن، مۇشۇ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلىكلەرنى يېزىش مۇمكىنچىلىكى يەنىلا بار ئىدى.
جاۋ: كېيىن نېمىشقا بىراقلا رومانغا ئۆزگەرتىۋەتتىڭىز؟
لوسا: «مەركىزىي رايون» نى ئوقۇپ، لاتىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزىگىلا خاس مىجەز- خاراكتېرى، چېچىلاڭغۇلۇقى، ياۋايىلىقى، ئەركىنلىككە يولسىزلىق بىلەن ئىنتىلىشىدەك ئۆزگىچە بىر خىل نەرسىنى بايقىدىم. بۇ ئەھۋال «مەركىزىي رايون» نەشر قىلىنىشتىن بۇرۇن جىق ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۇچرىمىغان ئىدى. مەن «مەركىزىي رايون» دىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنى يۈكسەك ئەقىل- پاراسەت، يۈكسەك ئەدەبىي ئىستېدات بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈشتەك بۇ خىل ئۇسۇلدىن قالتىس ھۇزۇرلاندىم. شۇنداق دېيىشكە بولاتتىكى، «مەركىزىي رايون» بولمىغان بولسا، «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» دېگەن رومانىمنى يېزىپ چىقالمىغان بولاتتىم. بولۇپمۇ كىنو سىنارىيەسى پۈتكەندىن كېيىن، پارامونت كىنو شىركىتى بۇ كىنونى سۈرەتكە ئالماسلىقنى قارار قىلدى. لېكىن مەندە ھەقىقىي ئىجادىيەت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەنىدى، بولۇپمۇ بىرازىلىيەگە بىر قېتىم بارغاندىن كېيىن، مەندە گويا يانار تاغ پارتلايدىغاندەك بىر خىل كۈچلۈك ئىجادىيەت قىزغىنلىقى پەيدا بولدى. مەن بىرازىلىيەلىك ئىنسانشۇناس رېناتو فېراسنىڭ ھەمراھلىقىدا مەركىزىي رايوننى بىر ئاي ئايلاندىم. ئۇ مەركىزىي رايون مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسىس بولۇپ، مەركىزىي رايوننىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى بەش قولدەك چۈشىنەتتى. بۇ كىشى ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، مەركىزىي رايوندىكى ئاھالىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا بەكلا ماھىر ئىدى. ئىككىمىز 100 دىن ئارتۇق ئادەم بىلەن پاراڭلاشتۇق. پاراڭلاشقانلارنىڭ ئارىسىدا دېھقانلارمۇ، چارۋىچىلارمۇ، پوپلارمۇ، سەرگەردان سەنئەتكارلارمۇ، ئۇششاق دېھقانچىلىق فېرمىلىرىنىڭ خوجايىنلىرىمۇ بار ئىدى. ئىككىمىز شۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ داھىيلىرىنىڭ قەدەم ئىزى تەگكەن 25 كەنتنى ئايلىنىپ چىقتۇق. مېنى ئەڭ ھاياجانغا سالغىنى، ئىككىمىز ئەينى چاغدا ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش بولغان كىچىكرەك بىر تاغقا باردۇق، ئۇ يەردە قوزغىلاڭنىڭ روھىغا سىمۋول بولمىش كىرىست بەلگىسى تىكلەكلىك بولۇپ، ئوق ئىزلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. بۇلارنى كۆرۈپ ئىجادىيەت غايەم جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك تۇيۇلدى. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، يېزىقچىلىقىم بەكلا ئاقتى، ھەركۈنى 10 سائەتتىن 12 سائەتكىچە يېزىقچىلىق قىلدىم، تۇيغۇلىرىم قەلبىمگە پاتمايتتى. چۈنكى ئاشۇ قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭى بولمىش بۇ ئىجتىمائىي ھادىسە ئارقىلىق لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇنداق بىر تارىخىنى ئېچىپ بېرەلەيتتىم: بىزنىڭ تارىخىمىز زوراۋانلىق، جەڭگى- جېدەل ۋە جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى بىلەن تولغانىكەن. لېكىن، بىز شۇ چاغدا ئۇلارغا نېمە ئۈچۈن يېتەرلىك ئىقتىدار ۋە سەگەك تونۇش بىلەن مۇئامىلە قىلمىغان بولغىيتتۇق؟ روشەنكى، ئۇ چاغدا بىز كونا، قالاق، بېكىك كۆز قاراشنىڭ ئاسارىتىگە مەھكەم چىرمىشىپ قالغان ئىكەنمىز.
جاۋ: ئۇنداقتا، سىز ئاشۇ قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭى ئارقىلىق مەلۇم بىر خىل روھنى ئېچىپ بەرمەكچى بولغانمۇ قانداق؟
لوسا: شۇنداق. بىز مەركىزىي رايوننى زىيارەت قىلغاندا، جىق ئادەملەر شۇ قېتىملىق قوزغىلاڭنى تىلغا ئالدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئاشۇ قوزغىلاڭنىڭ جەڭچىلىرى ئىكەن، ھەممىسى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلىيەلەيدىكەن، ئاشۇ قوزغىلاڭغا ئاتاپ توقۇلغان بېيىت- قوشاقلارنى ئېيتالايدىكەن. بۇ مەندە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئېسىمدە قېلىشىچە، قايسى بىر كەنتتىكى بىر موماي قوزغىلاڭ داھىيسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىكەن. ئۇ ماڭا: «ئۇ قايتىپ كېلىدۇ، ئۇ چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. ھۆددە قىلالايمەن، ئۇ يەنە چوقۇم مۇشۇ جايدىن ئۆتىدۇ» دېگەنىدى. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىي روھى تېخىچە ساقلىنىپ قاپتۇ. چۈنكى قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى ئۇلارنى «بىز قۇل ئەمەس، بىزمۇ ئۆز- ئۆزىمىزگە خوجا بولالايمىز. بىز تەڭرىنىڭ كۆزى چۈشكەن ئادەملەر!» دېگەن گەپگە ئىشەندۈرۈۋەتكەن ئىكەن. بۇ ـــ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن بىر قېتىملىق بۈيۈك روھىي ئازادلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شان- شەرەپ، غۇرۇر- ئىپتىخار تۇيغۇسى ئۇلاردا چەكسىز روھىي قۇدرەت پەيدا قىلغانىكەن. شۇڭا ئۇلار داھىيسى قان كېچىپ قىلغان كۈرەشلەرگە ئۆزلىرى خالاپ تۇرۇپ ئەگىشەلەيدىكەن. شۇ ۋەجىدىن، مەركىزىي رايوندىكى كىشىلەر تا بۈگۈنگىچە ئاشۇ قوزغىلاڭنىڭ داھىيسىنى ياقلايدىكەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ قوغداۋاتقىنى ئاشۇ خىل ئىنقىلابىي روھ. مانا مۇشۇنداق روھنى ئىپادىلەش ئەدەبىياتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسىدۇر.
جاۋ: سىز ئۇدا بىر قانچە رومانىڭىزدا پىرۇ ئارمىيەسىدىكى شەرمەندىلىكلەرنى ئەكىس ئەتتۈردىڭىز. سىزنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئارمىيەلەرگە بولغان كۆز قارىشىڭىز تۇرغۇن ھالەتتىمۇ قانداق؟ چۈنكى سىز رومانلىرىڭىزدا ئارمىيەنى ھەدېسىلا قالاق، ياۋايى، مۇتەئەسسىپ، ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ سىمۋولى قىلىپ تەسۋىرلەيدىكەنسىز. مۇشۇ كۆز قاراشلىرىڭىزنىڭ پاكىت ئاساسى بارمۇ؟
لوسا: ئاساسىم شۇكى، ئارمىيە ھەدېسىلا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھەربىي جەھەتتىن مۇستەبىتلىك يۈرگۈزىدۇ. ئۇلار دېمىسىمۇ قالاقلىققا، ياۋايىلىققا، مۇتەئەسسىپلىككە ۋە ئەكسىيەتچىل كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ھەدېسىلا سىياسىيغا ئارىلىشىۋالىدۇ، ھەر بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان 100 يىلغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن، ھەربىي مۇستەبىتلىك تۇرمۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمما ئارمىيە ئەسلىدىنلا بىر بېكىك سىستېما، ئۇ تولىمۇ كۈچلۈك بولغان تەبىقە كۆزقارىشى ۋە پولاتتەك ئىنتىزامغا تايىنىپ بۇ ھۆكۈمرانلىق قورالىنى كونترول قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ دۆلەت مۇداپىيەسىنى قوغداش ۋە خەلقنىڭ ھايات بىخەتەرلىك ھوقۇق- مەنپەئىتى دائىرىسىدىلا چەكلەپ قويۇلسا، سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. لېكىن، ئارمىيە ھاكىمىيەتنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىۋالسا، شەكلى ئۆزگەرگەن بىر خىل ئىجتىمائىي تۇرمۇش پەيدا بولىدۇ. ئۇ قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى باش ئەگدۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەخسلەرنىڭ ئاڭلىقلىقى، ئىختىيارىيلىقى، ئەركىنلىكى ۋە ئىجادىي تۇرمۇشى پۈتۈنلەي بوغۇلىدۇ.
جاۋ: «قاۋاقتىكى تۈگىمەس پاراڭ» ناملىق رومانىڭىزنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ھەربىي مۇستەبىتلىككە بولغان قارشىلىق تەسۋىرلەنگەن بۇ روماننى قانداق يېزىپ چىققانلىقىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز؟
لوسا: 1953-، 1954- يىللىرىغۇ دەيمەن، لىما سان ماركۇس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. ئۇ چاغدا ھەربىي مۇستەبىتلىك ئەڭ كەسكىنلەشكەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ جىمى ئىشلىرىغا ئەڭ يۇقىرى ھەربىي ئەمەلدار مەننۇئىل ئودرىيا قارار چىقىراتتى. ئۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بىلەن ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىغا ئىنتايىن ئۆچ ئىدى؛ ھەدېسىلا قول ئاستىدىكى ئىشپىيۇنلارنىڭ كاتتىبېشىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچىلارنىڭ داھىيلىرىنى قولغا ئالاتتى. ئىشپىيۇنلارنىڭ بۇ كاتتىبېشى ھايات- ماماتقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھوقۇقنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغان بولۇپ، ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان بىخەتەرلىك، ئاخبارات سىستېمىسىغا قوماندانلىق قىلاتتى. ئۇنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلىشى ئارقىسىدا بۇ ھەربىي مۇستەبىتنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆمرى يەنە 8 يىل ئۇزارغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن شۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش مەندە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى. قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى كىيىم- كېچەك بىلەن ئەدىيالغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاچقا، كۆپچىلىك مېنى ئۆزلىرىگە ۋەكالىتەن سۆھبەتلىشىشكە سايلاپ چىققانىدى. ئۇ بىر قاراشتا ناھايىتى سۆرۈن تەلەت ئادەم ئىدى، گەپ- سۆزلىرى ئادەتتىكىچە ئىدى. كاللامدا شۇئان «بۇ خۇمپەرنى بىر يېزىپ چىقسام بولغۇدەك» دېگەن ئوي پەيدا بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇ بۇ چىرىك ھاكىمىيەتنىڭ ۋەكىلى ئىدى. مېنىڭ مەقسىتىم ـــ ئىستىبداتلىقتا ئۇچىغا چىققان بۇ ماشىنىنىڭ قانداق يۈرۈشىدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئىدى. مۇنداقچە ئېيتسام، بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى، ئىشچىلارنى، زىيالىيلارنى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتنى قانداق چىرىتىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەش ئىدى. بۇ خۇمپەر ئەسلى ھەربىي ئەمەس ئىدى، سىياسىي بىلەنمۇ شۇغۇللانمايتتى. لېكىن، بۇ بىر يۈرۈش مۇستەبىت تۈزۈلمە ئۇنى ئىشپىيۇنلارنىڭ كاتتىبېشىغا ئايلاندۇرغانىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ بۇ جەھەتتە تالانتى بارلىقىنى بايقىدى. بورخىسنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ ئۆز ماكانىنى تاپقانىدى.
جاۋ: «قاۋاقخانىدىكى تۈگىمەس پاراڭ» نەشردىن چىققاندىن كېيىن، ئىشپىيۇنلارنىڭ ئۇ كاتتىبېشى بۇ كىتابنى ئوقۇغانمىدۇ؟
لوسا: ئوقۇپتۇ. بۇ ھەقتىكى ئىشلار بەك قىزىق. كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەر روماندا تەسۋىرلەنگەن باش پېرسۇناژ پروتوتىپىنىڭ دەل شۇ ئىكەنلىكىنى دەرھاللا بىلىۋالدى. كېيىن، مۇخبىر ئۇنى زىيارەت قىلىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ پايتەختتىن خېلى يىراق بىر يەرگە كۆچۈپ بېرىپ، ماندارىن ئۆستۈرۈش ۋە خەير- ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانىكەن. ئۇ يوغان بىر پارچە يەرگە يىتىم بالىلارنى بېقىۋېلىش ئورنى قۇرۇپتۇ. ئۇ مۇخبىرغا: «ۋارگاس لوسا مېنى نېمىشقا بالدۇرراق ئىزدەپ كەلمىگەندۇ؟ شۇنداق قىلغان بولسا مەن ئۇنىڭغا كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن ئىشلاردىنمۇ قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن بولاتتىم!» دەپتۇ.

6. تېما تاللاش مەسىلىسى ھەققىدە

جاۋ: تېمىنى ئۆزىڭىز تاللامسىز ياكى مەلۇم بىر تېما سىزنى ئۆزىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلامدۇ؟
لوسا: يەنىلا تېما يازغۇچىنى تاللايدۇ. ھېچبولمىغاندىمۇ، مەندىكى ئەھۋال ئاشۇنداق. مەندە دائىم مۇنداق تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ: بەزى ھېكايىلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىپ چىققۇم كېلىدۇ، ئۇنى يازمىغۇچە قەتئى ئارام تاپمايمەن. ئالايلۇق، مەن پىرادو ھەربىي ئىشلار مەكتىپىدە ئىككى يىل تۇردۇم، ئۇ يەردە نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارمۇ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىشلارمۇ بار ئىدى. ئۇ يەردىن كېتىپ 7– 8 يىللاردىن كېيىنمۇ بۇ ئىشلار خىيالىمدىن زادىلا نېرى كەتمىدى، ئۇنتۇپ كېتەي دەپمۇ ئۇنتىيالمىدىم. چۈنكى ئۇ ئىنتايىن ئازابلىق كەچۈرمىشلەر ئىدى. بۇ كەچۈرمىشلەر سىزنى ئويلىنىشقا، ئەسلەشكە ۋە ئۇنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشكە قىستايتتى. ئەنە شۇ مەكتەپتە مەن زوراۋانلىقنىڭ، ئۆچمەنلىكنىڭ، ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكى تۇنجى قېتىم چۈشەندىم؛ كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى ھوقۇق- مەنپەئەت تالىشىش جەريانىدا ئاشكارىلىغان ھايۋانىي مىجەزلىرىنى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا قاراڭغۇلۇق بىلەن شەرمەندىلىكلەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تۇنجى رەت ھېس قىلدىم. ئەنە شۇ نەرسىلەر مېنى ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ بولۇشىغا ۋارقىراشقا مەجبۇر قىلاتتى، شۇلارنى دەۋالساملا ئىچىم بوشاپ قالاتتى.
جاۋ: سىز ئەزەلدىن: «ئاۋۋال ساپ ئىدراك بويىچە تەپەككۇر قىلىش، سىياسىي ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزگەرتىش، ئاندىن خام ماتېرىيال ياكى ۋەقەلىك ئىزدەش، ئەڭ ئاخىرىدا بەدىئىي جەھەتتىن پىششىقلاش» تەك ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ باقمىدىڭىزمۇ؟
لوسا: ئەزەلدىن قوللىنىپ باقمىدىم. مەن ئەزەلدىن ئەسەردىكى رەڭ، تۇيغۇ، ھېسسىيات، ئۆزگىچىلىك ۋە ئەسلىمە ئامىللىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇ ـــ ئەدەبىياتنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى! مەن ئەلۋەتتە ھېكايىدىكى ئەقىل- پاراسەت بىلەن پەلسەپىۋىلىككە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن. لېكىن، مەيلى قانچىلىك چوڭقۇر، دانا ئىدىيە بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ھامان تىلنىڭ سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ!
جاۋ: تېما تاللىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىسىز؟
لوسا: ئاۋۋال تەپەككۇر قىلىمەن، «نېمىشقا مۇشۇنداق ئادەملەر ياكى مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ» دەپ ئويلىنىمەن. شۇنىڭ بىلەن كاللامدا بەزى ئوي- خىياللار پەيدا بولىدۇ. بۇ مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى ئۇ يازماقچى بولغان ئەسىرىمنىڭ تۆرەلمىسى. مەن ئەنە شۇ يەردىن باشلاپ پېرسۇناژ ۋە ھېكايىنىڭ سەۋەب- نەتىجىسىنى رەتلەشكە، ئېنىقلاشقا كىرىشىمەن، ئاندىن يازماقچى بولغان ئەسىرىمنىڭ ئومۇمىي رامكىسىنى چىقىرىۋالىمەن. لېكىن، رەسمىي يېزىشقا باشلىغان ۋاقتىمدا بۇ رامكا ھەمىشە بۇزۇلۇپ ۋە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، تىزىس تۈزۈشكە باشلايمەن، ئەمما تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى ۋە بەدىئىي قۇرۇلما دېگەندەكلەرگە ھەرگىز زېھنىمنى چاچمايمەن. لېكىن، بۇ باسقۇچ تولىمۇ جىددىي بولىدۇ، ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، ھاردۇرۇۋېتىدۇ. تىزىس پۈتكەن ھامان مەندە ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ. چۈنكى مەن تۈزىتىش، كېسىپ تەھرىرلەش ۋە بەتكە تىزىشقا قەۋەتلا ئامراق. ئىككىنچى قېتىملىق بۇ خىزمەت ھەقىقىي ئىجادىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئاجايىپ يېڭى، ئۆتكۈر خىياللار دەل شۇ چاغدا پەيدا بولىدۇ ۋە بايان، دىيالوگ، مونولوگ ئىچىدە ئەكىس ئېتىدۇ.
جاۋ: تېمىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا سىزدە ۋەقەلىكتىكى پېرسۇناژلارنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىشتەك ئەھۋال كۆرۈلگەنمۇ؟
لوسا: بۇنداق ئەھۋال دائىم كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ۋەقەلىكتىكى پېرسۇناژلار يالغۇز ئىدراكىي ئويلىنىش ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا كەلمەستىن، ئۇلار يەنە قان ۋە گۆشتىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ؛ ئۇلاردا تالانت، ھېس- تۇيغۇ بولىدۇ. ئۇلار ئەسەردە ئۆزىگە خاس ھاياتلىق مىزانى ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بېكىتىۋالغان ھامان ئۆزىنى ياراتقان ئاشۇ يازغۇچىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تۇرمۇش ئوربېتىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولىدۇ، ئاپتورنىڭ ھەرقانداق كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالمايدۇ. پېرسۇناژ بىلەن ئاپتور ئوتتۇرىسىدا ھەمىشە ئىختىلاپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، مانا بۇ ئادەمنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان پەيت. چۈنكى خاسلىقى بار بىر پېرسۇناژ ئاپتوردىن ئۆز خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
جاۋ: پېرسۇناژلارنىڭ سىزدىن ئۆز خاراكتېرىنى ھۆرمەت قىلىشنى قانداق تەلەپ قىلغانلىقىنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈپ باقامسىز.
لوسا: «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» نى يېزىۋاتقان چېغىمدا دەسلەپتە بىر خۇمپەرنىڭ ئوبرازىنى بېكىتىۋالدىم. ئۇ ئاقسۆڭەك بولۇپ، چوڭ بىر قورۇقنىڭ خۇجايىنى ئىدى. لېكىن، دېھقانلار قوزغىلىڭى ئۇنىڭ قورۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى لەرزىگە سالىدۇ؛ ئۇنى كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتىكى پوزىتسىيەسى بىلەن قىممەت قارىشىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا، ئېتقادى بىلەن ئەخلاق ئۆلچىمىنى تارازىغا سېلىپ بېقىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ ۋە دادىللىق بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ دېھقانلار ئۈچۈن گەپ قىلىدۇ. بۇ مېنىڭ كۈتمىگەن يېرىمدىن چىققانىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەتلەشكە مەجبۇر بولدۇم. «شەھەر ۋە ئىت» ناملىق رومانىمنى يېزىۋاتقاندا بۇنىڭ ئەكسىچە بىر مىسالغا يولۇقتۇم. بۇ روماننى يېزىۋاتقاندا، لېيتنانت گامبوئانى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەكتەپتىكى شەرمەندىچىلىكلەرنى تەنقىد قىلىدىغان ۋە ئىنكار قىلىدىغان قىلىپ تەسۋىرلىمەكچى ئىدىم. لېكىن، ئەسەرنىڭ تۈگەنچىسىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، ئەخلاق- دىيانەتنى ياقلايدىغان ئوفېتسىر ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش، باشقىلار بىلەن ئوخشاش بىر ئېقىندا بۇلغانمىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەكتەپنىڭ فاشىزملىق مەكتەپ باشقۇرۇش فاڭجېنىغا چاپان ياپىدۇ. پېرسۇناژلار خاراكتېرىنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىشى ھەمىشە قالايمىقانچىلىق ۋە مۈجمەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن ۋەقەلىك بىلەن پېرسۇناژ تولىمۇ مۇكەممەل ۋە جانلىق چىقىدۇ. مۈجمەللىك بىلەن ساختا چىنلىق ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى بەدىئىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ.
جاۋ: سىز بۇرۇن «ئۆلۈك جانلار» دېگەن روماننى باھالاپ يازغان بىر ماقالىڭىزدە: «ھىيۇگۇنىڭ چەت ئەلدە ياشىشى بۇ كاتتا ئەسەرنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىدى» دەپتىكەنسىز. سىز نېمىشقا رېئاللىق بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق تۇيغۇسى ساقلاش كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلىسىز؟
لوسا: مەن: «رېئاللىققا زىيادە يېقىنلىشىۋېلىش ئاسانلا ئادەمنىڭ بېشىنى قايدۇرۇۋېتىدۇ» دېگەنىدىم. شۇڭا مەن كۆز ئالدىمدىكى تېمىلارنى يازمايمەن. سەۋەبى، كۆز ئالدىڭىزدا پۇلاڭلاپ يۈرگەن نەرسىلەر سىزنى ھامان ئۆز تىزگىنىگە ئېلىۋالىدۇ؛ سىزنى ئەركىن- ئازادە ئىجادىيەت قىلغىلى قويمايدۇ، تەشۋىشكە سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپ يازالمايسىز، ھەدېسىلا چەكلىنىپ قالغاندەك بىر خىل تۇيغۇدا بولىسىز. لېكىن، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ـــ دەل روھىي جەھەتتىكى تولۇق ئەركىنلىكتۇر. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۆز- ئۆزىڭىزگە خوجايىن بولالايسىز، ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە ئىش كۆرەلەيسىز، ھېچقانداق دەخلىگە ئۇچرىمايسىز. بۇ ـــ ھەر قانداق بىر يېڭى ئەسەر ئىجاد قىلىشتىن بۇرۇن كەم بولسا بولمايدىغان روھىي ھالەتتۇر. مەن ياۋروپاغا بارغان ھامان تۈرلۈك روھىي يۈك ۋە جامائەت پىكرىنى چۆرۈپ تاشلايمەن، لېكىن، ۋەتىنىم ۋە يۇرتۇمغا بولغان سېغىنىش تۇيغۇسى مەندە نۇرغۇن ئۇلانما تەسەۋۋۇرلارنى قوزغايدۇ. مانا بۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۈچۈن بىر بايلىق بولماي نېمە!
جاۋ: رېئاللىقتىن بەك يىراقلىشىپ كەتسە، ئىجادىيەتتىكى خام ماتېرىيال مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالامدۇ قانداق؟
لوسا: شۇنداق ئىشمۇ يۈز بېرىدۇ. شۇڭا مەن ھەر يىلى پىرۇغا قايتىپ بىر نەچچە ئاي تۇرىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەتىنىمدىكى كۈندىلىك ئۆزگىرىشلەرگىمۇ ناھايىتى دىققەت قىلىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن زامانىۋى، ئىلغار پەن- تېخنىكىلىق تارقىتىش ۋاستىلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن: تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، تېلېفون، فاكس قاتارلىقلار مېنى دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىدىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرىدۇ، ۋەتىنىم بىلەن بولغان زىچ ئالاقەمنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. يېزىقچىلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، لوندوندىكى تۇرمۇشۇم بىر قەدەر خاتىرجەملىك ئىلىكىدە ئۆتىدۇ، شۇڭا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن يېزىقچىلىق قىلالايمەن. لوندوندىكى 3 ئاي ۋاقتىم پىرۇدىكى 6 ئاي ۋاقتىمدىن ئۈنۈملۈك. لېكىن، لىماغا قايتساملا بىر خىل بىئاراملىق، ئەنسىزلىك، تەشۋىش، نەپرەت تۇيغۇسىنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالىمەن. چۈنكى خىلمۇخىل كاشىلىلار ماڭا يېپىشىپلىۋالىدۇ. ئەنە شۇنداق زىددىيەتلىك تۇيغۇلارنى تەڭشىمەك دېمىسىمۇ بەكلا قىيىنغا چۈشىدۇ.
جاۋ: جۇڭگودا تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، سىنئالغۇ، ئوپتىك دېسكىلارنىڭ تەرەققىياتى بەكلا تېز بولۇۋاتىدۇ. بەزى يازغۇچىلار ئىلغار پەن- تېخنىكىلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى بەكلا تارايتىۋېتىشىدىن، ھەتتا ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئورنىغا دەسسىشىدىن بەكلا ئەندىشە قىلىدىكەن. سىزدە مۇشۇنداق ئەندىشە بولغانمۇ؟
لوسا: بۇ بىر چوڭ، شۇنداقلا يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلە ئىكەن. مېنىڭچە، ھازىر كىتاب ئوقۇيدىغانلار بۇرۇنقىدىن خېلى بەكلا كۆپەيدى. لېكىن، كىتابنىڭ ئەھمىيىتى بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ. مەدەنىيەت ئوزۇقلىرىنىڭ تۈرلىرى بەك كۆپ، كىشىلەر ئەركىن تاللىيالايدۇ. كومپيۇتېر، تېلېۋىزور، ئوپتىك دېسكىلار كىتابلارنىڭ ئورنىنى قىسمەن ئىگىلىدى. لېكىن، پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئوخشىمىغان تۈردىكى نەرسىلەر بىر- بىرىنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي باسالمايدۇ. كىتاب بىلەن كىنو بىر- بىرىنى يەكلىمەيدۇ، بىر ياخشى كىنو كۆرۈش كىتاب ئوقۇشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. لېكىن، بەزى دۆلەتلەردە مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتە مەسىلە بولغانلىقتىن، بەزى ياش- ئۆسمۈرلەر ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇققا مەپتۇن بولۇپ قالدى. بۇ، جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتتى. مېنىڭچە، بۇ بىر ئاپەت، مەدەنىيەت جەھەتتىكى نامراتلىقنىڭ ئىپادىسى. فرانسىيەدە ئەھۋال بۇنداق ئەمەس. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئاممىۋى پروگرامما «سادا» دا يېڭى كىتابلار تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ پروگرامما ھەپتىدە بىر سان ئىشلىنىدۇ. ئېيتىلىشىچە، بۇ پروگراممىنىڭ 5 مىليون كۆرۈرمىنى بار ئىكەن. بۇ پروگراممىغا مەن بىر قېتىم قاتناشقان، تەسىراتىممۇ ناھايىتى چوڭقۇر بولدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى پروگراممىغا قاتنىشىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن قايتىپ چىقىۋاتسام، كوچىدا كېتىۋاتقان كىشىلەر مېنى تونۇۋالدى. ئەتىسى پارىژنىڭ كوچىلىرىدا، مىترولاردا جىق كىشىلەر ماڭا: «مەن ‹سادا› پروگراممىسىدا سىزنى كۆرگەن» دېيىشتى.

7. توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ رومان ئىجادىيىتىدىكى رولى ھەققىدە

جاۋ: سىز توقۇلما بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ رومان ئىجادىيىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدىڭىز. كىلاسسىك ئەسەرلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆز كۆز قاراشلىرىڭىزنى كونكرېتراق سۆزلەپ باقامسىز؟
لوسا: بولىدۇ. بىز «دونكىخوت» نى مىسالغا ئالايلى. رېئال تۇرمۇشتا دونكىخوتتەك ئادەمنىڭ يوقلۇقى ھەممە ئادەمگە ئايان، ئۇ تامامەن سېرۋانتىسنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئويدۇرۇپ چىقىلغان بىر پېرسۇناژ. لېكىن، ئۇ كىشىگە خۇددى مەڭگۈ ئادەملەر ئارىسىدا ياشايدىغاندەكلا، راستتەكلا تۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇشى مۇنداق بىر ئىشنى سەمىمىزگە سالىدۇ: دونكىخوتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ـــ ئىنسانلارنىڭ بىر خىل روھىي ئېھتىياجى. چۈنكى بىزنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىز بەخت كەمچىل بولغاننىڭ ئۈستىگە ئازاب- ئوقۇبەت بىلەن تولغان بولغاچقا، دونكىخوتنىڭ كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ھەقىقەتنى نامايان قىلىشىغا مۇھتاج بولىمىز. ئۇنىڭ باتۇرلۇقىغا تايىنىپ رېئاللىققا قارشىلىق كۆرسىتىمىز، رېئاللىقتىكى شەرمەندىلىكلەرنى ئېچىپ تاشلايمىز، رېئاللىقنىڭ ئالدىغا سوئال تاشلايمىز. شۇنداقلا دونكىخوت يەنە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن كۈچ- قۇۋۋەتكە ئېرىشىپ، يېڭىچە بىر رېئاللىقنى يارىتىدۇ- دە، ئاشۇ يېڭى رېئاللىق ئارقىلىق ئۆزىنى خورلاۋاتقان رەھىمسىز رېئاللىققا قارشى تۇرىدۇ. دونكىخوت بىلەن سانچۇنى سېلىشتۇرساق شۇنى بايقايمىزكى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دونكىخوتتىن ھوزۇرلىنىشى ئۇنىڭدا غايىگە تويۇنغان تەنقىدىي روھنىڭ بولغانلىقىدا. چۈنكى ئۇ توقۇپ چىقىلغان، ئۇ بىر ئەرۋاھ. ناۋادا رېئال تۇرمۇشتا راستىنلا دونكىخوتتەك بىر ساراڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ مال- مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، خەقلەرنى بولۇشىغا دۇمبالىسا، قويلارغا ھۇجۇم قىلسا، جىنايەتچىلەرنى قۇتقۇزسا . . . كىشىلەر جەزمەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنى تۇتۇپ ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ بېرىدۇ. لېكىن، ئەسەر ئىچىدە ئوقۇرمەنلەر ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭرىتىدۇ. سانچۇ بولسا كىشىگە روماندىكى بىر پېرسۇناژدەك ئەمەس، بەلكى رېئاللىقتىكى راست ئادەمدەكلا تۇيۇلىدۇ. شۇڭا بىز شۇنداق دېيەلەيمىزكى، توقۇلما رومانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھەرگىزمۇ رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رېئاللىقنى ئىنكار قىلىش، رېئاللىقنى رېئالىسزلىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. توقۇلما رومانلار قەلبىمىزدىكى چاڭقاقلىق بىلەن ئىزتىراپلىرىمىزغا ۋاقىتلىق بولسىمۇ بەرھەم بېرەلەيدۇ.
جاۋ: تەسەۋۋۇرغا باي بولۇش ـــ ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، شۇڭلاشقا رېئال تۇرمۇشنىڭ چەكلىملىكى بىلەن تەكرارلانماسلىقى ۋە خىيالىي دۇنيانىڭ چەكلىملىكى بىلەن تەكرارلىنىشىدەك زىددىيەت كۆرۈلىدۇ. ئەنە شۇنداق خىيال «يوقتىن پەيدا بولۇش» نىڭ باش مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. خىيال گەرچە تۈمەن مىڭ خىل بولسىمۇ، لېكىن ئاشۇ خىيالنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك بولىدۇ. سىزنىڭچە، مۇشۇ زىددىيەتنىڭ رومان ئىجادىيىتىگە نىسبەتەن ئەھمىيىتى بارمۇ؟
لوسا: ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، بۇنداق زىددىيەتلەر خىيالنى توم- توم توقۇلما رومانلارغا ئايلاندۇرىدۇ. گەرچە بۇ رومانلار يېزىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىزنىڭ جىسمانىي ھاياتىمىزنىڭ بىرلا قېتىم بولىدىغانلىقى بىلەن ھاياتلىق ئىستىكىمىزنىڭ كۆپ قېتىملىق بولۇشى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى قىسمەن بولسىمۇ ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئىلىم- پەن، جەمئىيەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ھەققىدە تالاي خىياللارنىڭ بولغىنىغا ئوخشاش، ئۇلاردا خىيال بولغاندىلا ئاندىن ئىنسانلار كىشىنى نىسبەتەن خۇشال قىلالايدىغان يېڭىچە بىر خىل رېئاللىقنى كۆرەلەيدۇ. ئەگەر ئۇلاردا خىيال بولمايدىكەن، ياۋروپالىقلار ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىيالمىغان، جۇڭگولۇقلارنىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتى بولمىغان، ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەر كىشىلىك ھوقۇق ئۈستىدە تالاش- تارتىش قىلالمىغان بولاتتى.

8. بۈگۈنكى ئەدەبىياتنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي رولى ھەققىدە

جاۋ: ئىسپانىيەنىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر يازغۇچىسى فرانسىسكو ئايالا: «ئەدەبىيات تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلدى. ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولى پەقەت ئوقۇرمەنلەرنى خوش قىلالايدۇ، ئۇلارغا ئىستېتىك زوقلا ئاتا قىلالايدۇ» دەپ قارايدىكەن. سىز مۇشۇ قاراشقا قوشۇلامسىز؟
لوسا: ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا زادى قانداق رول ئوينىشى كېرەك؟ بۇ مەسىلىگە مۇئامىلە قىلىشتا بەك ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. بىز ئەدەبىياتنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقساق يامان كەتمەس. 2000- يىلى فېۋرالدا ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادىرىدتتا چىقىدىغان بىر گېزىتتە مۇنداق بىر خەۋەر بېسىلغان: ناھايىتى ئابرويلۇق بىر ئادۋوكات بار ئىكەن، ئۇ ھازىر 65 ياشتا ئىكەن. ئۇ 40 يىلدىن بېرى ھەركۈنى ئىشقا بارغان، ئىشتىن چۈشكەن چېغىدا يولدا كېتىۋېتىپ رۇسىيەنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇيدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ ئەنە شۇنداق كىتاب ئوقۇغاچ مادىرىد شەھەر مەركىزىنى كېسىپ ئۆتىدىكەن. ئۆيى بىلەن ئىشخانىسى ئارىسىدىكى يولدا كىتاب ئوقۇيدىكەن، 40 يىلنى ئەنە شۇ يوسۇندا ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۆيى بىلەن ئىشخانىسىغا بېرىپ كېلىدىغان يولنىڭ قەيىرىدە ئورەك، قەيىرىدە ئىستولبا تۈۋرۈكى بارلىقى، مەركىزىي كوچىدىكى ھەر بىر كارىدور، پەلەمپەي ئۇنىڭغا يادا بولۇپ كەتكەن ئىكەن. يولدا كىتاب ئوقۇپ كېتىۋاتقاندا ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ دىققىتىنى چاچالمايدىكەن. بۇ ئادۋوكات يازغۇچىمۇ، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئەدەبىيات پروفېسسورىمۇ ئەمەسكەن، ئەدەبىي تەرجىمانمۇ ئەمەس ئىكەن. ئۇ ھەتتا رۇس تىلىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئۇ پەقەت رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئوقۇرمىنى ئىكەن. لېكىن، ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر پارچە نەسىر يازدىم، بۇ نەسىر يېقىندىلا گېزىتتە ئېلان قىلىندى. ئوقۇپ بېرەي، ئاڭلاپ بېقىڭ- ھە:
«توسۇماڭلار، ئۇ بوۋاي تەكشى، ئىلدام قەدەملىرى بىلەن يولىنى داۋام ئەتسۇن. توسۇماڭلار، ئۇ مادىرىدنىڭ قىستا- قىستاڭ كوچىلىرىدا ئالدىراش مېڭىپ يۈرگەن ئىشلەمچىلەر، سەرگەردانلار، بىكار تەلەتلەر ۋە سەيياھلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كەتسۇن. ماشنىلارنىڭ لابا ئۇرۇشلىرى، قۇلاقنى يارغۇدەك شاۋقۇن- سۈرەن، ئۆپچۆرىسىدىكى كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان خىلمۇخىل رەڭلەر بىلەن ئۇنىڭ پەرۋايى پەلەك. چۈنكى ئۇنىڭ روھى ئىسپانىيەدىكى زامان ۋە ماكاننىڭ سىرتىدا سەيىر ئەتمەكتە؛ پۈتۈن ۋۇجۇدى سىبىرىيەدىكى مەلۇم بىر جۇشقۇنلۇققا ئەسىر بولماقتا ياكى دون دەرياسى بويىدىكى كازاك چەۋەندازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئېتىنى قىيغىتىپ چېپىپ يۈرمەكتە؛ ياكى چار پادىشاھنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن ۋودكىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرمەكتە، بېلىق كونسېرۋاسىنى ئىشتىھا بىلەن يېمەكتە؛ ياكى بولمىسا سوغۇقتا دىر- دىر تىتىرىگىنىچە قارلىق دالىلاردا يۈگۈرۈپ يۈرمەكتە ۋە ياكى ئىسرىقداندىن كۆتۈرۈلگەن تۈرۈم- تۈرۈم ئىسلار ئارىسىدا بومبۇر ساقال پوپقا يۈزلىنىپ پراۋسلاۋىيە دىنى چېركاۋىدا ئولتۇرماقتا، روھى ئەنسىزلىككە چۈشۈپ غال- غال تىتىرىمەكتە. ئالدىدا ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنى خىزمەت ياكى زەربە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ مەڭگۈ بەختلىك. چۈنكى ئۇ روماندا يارىتىلغان سەنئەت دۇنياسىدا ياشىيالايدۇ.»
بۇنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق سىزگە بىر نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكچىمەن: ئەدەبىيات ـــ ئۇ سەنئەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەم ئەيلىگەن بىر زېمىن. ئۇ ئۆزىدىكى تۇرمۇش تۇيغۇلىرى ۋە سۇبيېكتىپ تەسەۋۋۇرلىرىغا ئاساسەن ياراتقان تىل- يېزىق دۇنياسى. ئوقۇرمەن ئەنە شۇ دۇنيادىن تۈرلۈك روھىي ئوزۇققا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇلار ئوقۇرمەنگە ھوزۇر، خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ، گاھىدا يەنە ئوقۇرمەننىڭ قەلبىدە ئەخلاق تۇيغۇسى ئويغىتىدۇ، ھايات پەلسەپىسى ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ. شۇڭا، مەن ئەدەبىياتنىڭ يەنىلا كۆپ ئىقتىدارلىق ئىجتىمائىي رولى بار دەپ قارايمەن.
جاۋ: «سۇدىكى بېلىق» دېگەن رومانىڭىزدىمۇ مۇشۇ خىلدىكى تۇيغۇلىرىڭىزنى تىلغا ئالغانىدىڭىز. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چېغىڭىزدا ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ يەنىلا نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپتىكەنسىز، ئوقۇغان شۇ ئەسەرلەر سىزنى مول روھىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپتىكەن، شۇ ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان يازغۇچىلار ياشلىق باھارىڭىزنى يورۇتۇپتىكەن، سىزگە تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق تۇرمۇشقا تەشنا بولۇشنى ئۆگىتىپتىكەن. بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئۆزىڭىز بىلەن ئەدەبىيات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قانداق باھا بېرىسىز؟
لوسا: ئەدەبىياتنىڭ ماڭا ئاتا قىلغانلىرى بەك كۆپ، لېكىن مېنىڭ ئەدەبىياتقا قوشقان تۆھپەم بەك ئاز. شۇڭا ھاياتلا بولىدىكەنمەن، يېزىقچىلىقتىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيمەن. ئەگەر يازالماي قالسام، جاجام بىر پاي ئوق. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇرمۇشتا نۇرغۇن بەختسىزلىكلەرگە ئۇچرىغاندا، ياخشى بىر پارچە كىتاب يېزىپ كىشىلەرنى ئازابتىن يەڭگىللىتىشمۇ بەختسىزلىك بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. بۇمۇ مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشتىكى مەقسىتىم.

(خەنزۇچە «ئەدەبىيات تۆرىدىكى 22 كاتتا يازغۇچى بىلەن سۆھبەت» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى) 

بۇ سۆھبەت «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان

]]>
?feed=rss2&p=10640 0
ئېرنېست ھېمىڭۋاي: كىلمانجارودىكى قار ?p=10214 ?p=10214#respond Thu, 06 Oct 2011 06:28:24 +0000 ?p=10214 كىلمانجارودىكى قار

ئېرنېست ھېمىڭۋاي (ئامېرىكا)

زۇلپىقار بارات تەرجىمىسى

كىلمانجارو دېڭىز يۈزىدىن 19مىڭ 710 فۇت ئېگىز، يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان تاغ. ئۇنى ئافرىقىدىكى ئەڭ ئېگىز تاغ دېيىشىدۇ. تاغنىڭ غەربىي چوققىسى ماسەيلەرنىڭ ”ئىئاگىسى“ دەپ نام ئالغان، يەنى خۇدانىڭ مۇقەددەس قەسىرى دېگەن مەنىدە. بۇ چوققىغا يېقىن بىر جايدا شىۋىرغاندا شىنىدەك قېتىپ كەتكەن بىر يىلپىزنىڭ جەسىتى ياتىدۇ. بۇ يىلپىزنىڭ بۇنچە قاتتىق سوغۇق بولىدىغان تاغقا زادى نېمىنى ئىزدەپ چىققانلىقى ھەققىدە ھېچكىم ھېچنىمە دېمىگەن.

-قىزىق ئىش، بۇ يېرىم ھېچ ئاغرىمايدىغۇ،- دېدى ئۇ،- سىزمۇ بىلسىز، دەسلىپىدىمۇ زادىلا ئاغرىمىغانىدى.

-راسىتتىنلا شۇنداقمۇ؟

-ھەئە، لېكىن بىر ئىش ئۈچۈن ئالدىڭىزدا بەك خىجىل، بۇ پۇراق سىزنى تازا بىئارام قىلىدىغان بولدى-دە!

-بۇنداق دېمەڭ! نېمىشقا بۇنداق گەپلەرنى قىلىدىغانسىز؟

– قاراڭ، ئاۋۇ قۇشلارغا،- دېدى ئۇ، -ئۇلارنى بۇ يەرگە ئۆگىتىۋالغىنى بۇ يەرنىڭ مەنزىرسىمىدۇ ياكى بۇ قۇشلار مېنىڭ بەدىنمدىن چىقىۋاتقان سېسىق پۇراقتىن ئولجا كۈتۈپ ياتامدىغاندۇ؟

ئەتراپقا قويۇق سايە تاشلاپ تۇرغان مىموزا دەرىخنىڭ ئاستىدا- بىرېزېنت سېلنىغان كارىۋاتتا ياتقان ئەر دەرەخ دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئارىسدىن قۇياش نۇرىدا تاۋلىنىپ ياتقان تۈپتۈز دالاغا قارىدى. نېرىراقتا ئۇنى ئارامىدا قويمايۋاتقان ئۈچ لەنىتى قۇياش پوكىنىنى يەرگە چاپلاپ ياتاتتى. ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان ئون نەچچە قۇش ھەر قېتىم ئۇنىڭ باش ئۈستىدىن ئەگىپ ئۆتكەندە، يەرگە دەقىقە تېزلىكى ئىچىدە سايىسىنى تاشلاپ قاچاتتى.

-بۇ قۇشلار لەڭگەر تاشلانغان كۈندىن باشلاپلا بۇ يەردىن ئەگىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ،- دېدى ئەر،- يەرگە قونۇشى تېخى بۈگۈن تۇنجى قېتىم، دەسلىپىدە بىرەر پارچە ھېكايە يازسام خام ماتېرىيال بولۇپ قالار دەپ ئۇلارنىڭ ھاۋادا قانات قېقىپ ئۇچۇۋاتقان ھالىتىنى تازا كۆزىتىپتىكەنمەن. ئەمدى ئويلاپ باقسام، بۇ ئىشىم تازىمۇ كۈلكىلىك بوپتۇ.

-بۇلارنى يازمايچۇ،- دېدى ئايال.

-مۇنداقلا دەپ قويدۇم،- دېدى ئەر،- سۆزلىۋالسام يېنىكلەپ قالىدىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ كۆڭلىڭىزنى پاراكەندە قىلىش نىيىتىم يوق.

– كۆڭلۈمنىڭ پاراكەندە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ دەۋاتقان گېپىڭىزنى قارىڭە،-دېدى ئايال،-كېسىلىڭىزنىڭ ياخشىلىنىشىغا ھېچ ياردەم قىلالمىغىنىم ئۈچۈن مۇشۇنداق زەردىگۆش بولۇپ كېتىۋاتىمەن. ئايىروپىلان كېلىشتىن بۇرۇن ئىمكانقەدەر ئۆزىمىزنى خۇشال تۇتايلى.

-مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئايىروپىلان كەلمەيدۇ دەڭا.

-سىزگە نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن، ماڭا ئېيتسىڭىز، مەن قىلىپ بېرەلىگۈدەك بىر ئىشقۇ چىقار.

-بۇ پۇتۇم سوزۇلۇپ تۇرۇۋېلىپ ئىچىمنى پۇشۇرۇۋەتتى، ئۇنى ھەرىدۋەتسىڭىز بولاتتى، لېكىن، ئويلاپ باقسام، بۇ مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. ياكى بولمىسا مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭە. ھازىر سىز دېگەن قالتىس مەرگەن. سىزگە تاپانچا ئېتىشنى ئۆگەتكەنىدىمغۇ؟

-بۇنداق دېمەڭ، سىزگە بىر نەرسە ئوقۇپ بېرەيمۇ؟

-نېمە ئوقۇپ بېرىسىز؟

-سومكىمىزدىكى تېخى ئوقۇمىغان كىتابنىڭ قايسىسى بولسا بولىۋېرىدۇ.

-كاللامغا كىرمەسمىكىن،- دېدى ئەر،- قۇرۇق پاراڭ ئەڭ خوش ياقىدىكەن.يا بولمىسا تاكاللىشايلىچۇ. شۇنداق قىلساق ۋاقىت تېز ئۆتىدۇ.

-ئۇنداق قىلمايمەن، ئەزەلدىن تاكالىلىشىش بىلەن خۇشۇم يوق. ئەمدى تاكاللاشمايلى، ئىچىمىز قانچىلىك تىت-تىت بولۇپ كەتسىمۇ چىدايلى. ئۇلار بۈگۈن باشقا بىر يۈك ماشىنىسىدا كېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، ئايىروپىلان كېلىپ قالامدۇ تېخى.

-مىدىرلىغۇم يوق،- دېدى ئەر،- سىزنى ئازراق بولسىمۇ ئۈمىدلىنىپ قالمىسۇن دېمىسەم، ئەمدى بەدىنىمنى قىمىرلاتقىنىمنىڭ ھېچقانداق پايدىسى قالمىغانىدى.

-بۇ بېلى بوشلۇق بولىدۇ جۇمۇ.

-سىز بىر ئەرنى قىيىنىلىپ ئۆلسۇن دەمسىز؟ ئۇنى مۇشۇنداق تىللار بىلەن تىللاپ نېمە پايدا ئالارسىز؟

-سىز ئۆلمەيسىز.

-بولدى، ئەخمىقانە گەپلەرنى گەپلەرنى قىلماڭ. ئۆلۈم ھىدى بۇرنۇمغا پۇراۋاتىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز بۇنى ئاۋۇ پۇرسەتپەرەس لەنىتى قۇشلاردىن سوراڭ،- ئەر يەر بېغىرلاپ ياتقان ھېلقى يوغان ئۈچ قۇشقا قارىدى. ئۇلار تۈكسىز باشلىرىنى قويۇق پەيلىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىۋېلپ ياتاتتى. تۆتىنچى قۇش ھاۋانى تېزلىكتە بىر ئايلىنىۋەتتى- دە، يەرگە قونۇپ تەمتىلىگىنىچە ھەمراھلىرىنىڭ قېشىغا تىكوسلاپ ماڭدى.

-بۇ قۇشلار ھەممە گازارمىدا بار، ئۇلارغا تازا دىققەت قىلمىغان يېرىڭىزلا بار.ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمىسىڭىزلا ئۆلمەيسىز.

-نەدىن ئوقۇۋالغان گەپلەر بۇ؟ ئەخمەق خوتۇن.

-يېنىمدا باشقىلار بار دەپ ئويلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

– خۇدانىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن،- دېدى ئەر،- ھازىرغىچە شۇنداق دەپ ئويلاپ كېلىۋاتىمەن.

ئەر بىردەم تىنىچ ياتقاندىن كېيىن ئادەمنىڭ بېشى قايغۇدەك ئىسسىق بولۇۋاتقان تۈپتۈز دالانىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى چاتقاللىقنىڭ چەت-چۆرىلىرىگە قارىدى. سېرىق رەڭلىك دالادا ئاۋارە بىر نەچچە ئارقار ئوتلاپ يۈرەتتى. يىراقتا ئوتلاپ يۈرگەن بىر توپ زېبىرا يېشىل چاتقاللىققا تېخىمۇ بەكرەك جان كىرگۈزگەنىدى. بۇ ياپيېشىل كاداڭ دەرەخلەرگە پۈركەنگەن، تاغ چوققىلىرى بىلەن قورشالغان، ئەتراپىدا زۇمرەتتەك سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان راھەتبەخش بارگاھ ئىدى. يېقىن ئەتراپتا ئىچىدىكى سۇ قۇرۇپ كېتەي دېگەن بىر دامبا بولۇپ، ھەر ئەتىگىنى ئۇ يەردە سالار ئۇچۇپ يۈرەتتى.

-سىزگە بىر نەرسە ئوقۇپ بېرەيمۇ؟- دېدى ئايال كارىۋاتنىڭ يېنىدىكى برېزېنت بىلەن تىكلگەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ،- مەيىن شامالدا چىقىۋاتىدۇ.

-بولدى، ئوقۇماڭ، رەھمەت.

-يۈك ماشىنىسىنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولدىغۇ دەيمەن.

-ماشىنا- پاشىنىلىرىڭىزدىن پەرۋايىم پەلەك.

-لېكىن مېنىڭ پەرۋايىم پەلەك ئەمەس.

-شۇ، سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نەرسىلىرىڭىز بەك جىق . لېكىن ، مېنىڭ خىيالىمغا كىرىپ چىقمايدۇ.

-ئۇنچە جىق ئەمەس. خارى.

-ئازراق ھاراق ئىچەيلىمۇ؟

-ھاراق سىزگە زىيانلىق. برۇك نەشىر قىلدۇرغان كىتابتا بۇنداق ۋاقىتتا بىر تېمىم ھاراق ئىچىشكە بولمايدىغانلىقى يېزىلىپتۇ. ھاراق ئىچمەڭ.

-مورو!- ۋاقىرىدى خارى.

-مانا مەن، ئەپەندى.

-سودا قېتىلغان ۋىسكىي ئەكېلىڭ!

-بولىدۇ، ئەپەندى.

-ھاراق ئىچمىسىڭىز بولاتتى،- دېدى ئايال،-ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇ. كىتابتىمۇ ھاراقنىڭ بەدىنىڭىزگە زىيانلىق ئىكەنلىكى يېزىلىپتۇغۇ، شۇنداقلىقىنى بىلەتتىم.

– ياق،- دېدى ئۇ،- ھاراق ماڭا پايدىلىق.

ئەمدى ھەممىسى مۇشۇنداقلا تۈگىدى، دەپ ئويلىدى خارى. بۇلارنى ئاخىرلاشتۇرغۇدەك پۇرسەت ئەمدى ئۇنىڭغا قالمىدى. ھەممە بىر رومكا ھاراق ئۈچۈن بولۇنغان -دە. تالاش ئىچىدە ئاخىرلىشىدىغان بولدى. ئوڭ پۇتىغا گانگرېنا چىققاندىن بېرى ئۇ ئاغرىقنى سەزمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قورقۇنۇچمۇ نەگىدۇ يوقاۋاتىدۇ. ئۇنى ھازىر قىيناۋاتقىنى زېرىكىش ۋە غەزەپ. بولغىنى شۇلا. ئىشنىڭ بۇنداق نەتىجىلىنىدىغانلىقىغا ئۇ ئەجەبلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇ نىجىس كېسەلنىڭ ئۇنىڭغا چاپلاشقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغان. ئەمدى ئۇ كېسەل ئەھمىيىتىنى يوقاتقانتى. جاھاننىڭ ئىشلىرىمۇ قىزىقكەن، ھەممىدىن جاق تويغان چېغىڭىزدا ئۆلۈممۇ سىزگە قورقۇنۇچلۇق بىلىنمەيدىكەن.

ئەمدى ئۇنىڭ كېيىن يازىمەن دەپ ئېلىپ قويغان خام ماتېرىياللىرىنى ئەسەرگە ئايلاندۇرغۇدەك ئىمكانىيىتى يوق. ئۇلار ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن يازاي، شۇنداق قىلسام ئەسەر ياخشى چىقىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن، ئەمدى بۇنىڭغا ئىمكانىيىتى يار بەرمەيدىغان ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتى ئۇ نەرسىلەرنى سىناق تەرىقىسىدە يېزىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمىغان بىر چاغقا توغرا كەلدى. ئەمدى ئۇنى مەڭگۈ يازالمايسەن. نېمىشقا دەرھال قەلەم تەۋرەتمەسلىكىڭدىكى سەۋەب شۇدۇ. بولدى، ئەمدى ئۇنى بىلمەيلا قوي.

-ئىسىت بۇ يەرگە چىقمىساممۇ بوپتىكەن،- ئايال لېۋىنى چىشلەپ خارىنىڭ قولىدىكى رومكىغا قارىدى،- پارىژدا بولسىڭىز سىز ھەرگىز بۇنداق قىلمايتتىڭىز. پارىژنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بۇرۇنلا ئېيتقانىدىڭىز. ئەسلىدە پارىژ ياكى باشقا بىرەر يەرگە كەتسەكمۇ بوپتىكەن. نەگە دېسىڭىز بېرىۋېرەتتىم. مەن ئېيتقان، نەگە باشلىسىڭىز شۇ يەرگە بارىمەن دەپ. ئوۋ ئوۋلاش نىيىتىڭىز بولسا، ۋېنگرىيىگە بارغان بولساقمۇ تازا بولاتتى. ئۇ يەر تازا راھەت دەڭا.

-تايىنلىق، شۇ پۇللىرىڭىزغا ئىشىنىسىزغۇ!- دېدى ئەر.

-بۇنداق دېسىڭىز ماڭا ئۇۋال قىلغان بولسىز،- دېدى ئايال،-بۇ پۇللار سىزنىڭ. مېنىڭ پۇلۇم سىزنىڭ . مېنىڭ پۇلۇم سىزنىڭ پۇلىڭىز. ماڭا ئەمدى ھېچنېمە كېرەك ئەمەس، بېرىشىمنى خالىسىڭىزلا نەگە دېسىڭىز شۇنى قىلىمەن. ھەر ئىسىت، بۇ يەرگە نېمىشقىمۇ چىققان بولغىيدۇق.

-بۇ يەرنى ياخشى كۆرىمەن دېگەنىدىڭىزغۇ.

-بۇنى دېيىشىم دېگەن. ئۇ چاغلاردا سىزگە ھېچ ئىش بولمىغانىدى. ھازىر مەن بۇ يەرگە ئۆچ. پۇتىڭىزغا قانداق بولۇپ بۇنداق نىجىس نەرسىنىڭ چىقىپ قالغانلىقىغا ئەقلىم ھەيران. بۇنداق تارتقۇلۇق تارتقۇدەك بىز زادى نېمە ئىش قىلغان بولغىيدۇق؟

-دەسلىپىدە پۇتۇمنى بەكرەك سۈرتۈۋەتكىنىمنىلا بىلىمەن، بولغان ئىش شۇ، كېيىن ئۈستىگە يود سۈيى سۈركىۋېتىشنى ئۇنتۇپتىمەن. ئەزەلدىن بىر يېرىم يۇقۇملىنىپ باقمىغاچقا، دىققەت قىلىپمۇ كەتمەپتىمەن. كېيىن بۇ يەر تېخىمۇ ئېغىر ياللۇغلاندى، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش دورىسى تۈگىدى. قارىغاندا تەسىرى ئاجىز فېنول سۇيۇقلۇقى ئىشلەتكەچكە . قىلدام قان تومۇرلىرى ھېچنېمىنى سەزمەس بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ،- ئەر ئايالغا قارىدى،- بۇنىڭدىن باشقا ئىشمۇ بولمىغانمۇ؟

-مەن بۇنى دەۋاتمايمەن.

-ھېلقى چالا ساۋات گىنكور شوپۇرنى ياللىماي، چېچەنرەك بىرەر تېخىنىكىنى ياللىغان بولساق، ماشىنىنىڭ چاق ئوقىنى كۆيدۈرۋەتمەس بولغىيىدى؛ ئاپتور تەكشۈرۈشنى بىلمەس بولغىيىدى.

-مەن بۇنى دەۋاتمايمەن.

-سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئادەملىرىدىن- ۋېستبورى، ساراتوگا، پالما ساھىلىدىكى كونا ھەقەمسايىلىرىڭىزدىن ئايرىلمىغان، مېنى تاللىمىغان بولسىڭزچۇ كاشكى.

-ياق، ئۇچاغدا مەن سىزگە كۆڭلۈمنى ئۇتتۇرۇپ قويغان. بۇنداق دېسىڭىز قاملاشمايدۇ. ھازىرمۇ سىزنى سۆيىمەن. ھازىرلا ئەمەس، مەڭگۈ سۆيىمەن. سىز مېنى سۆيەمسىز؟

-ياق،- دېدى ئەر،- مەن بۇنداق ئويلىمايمەن. بۇنى مەن ئەزەلدىن خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغان.

-خارى، نېمە دەۋاتىسىز؟ ئەس-ھوشىڭىز جايىدىمۇ؟

-جايىدا، مەن ھېچقاچان ئەس-ھوشۇمنى يوقتىپ قويمىغان.

-ھاراق ئىچمەڭ،- دېدى ئايال،-قەدىرلىكىم، سىزدىن ئۆتۈنەي، ھاراق ئىچمەڭ. قولىمىزدىن كېلىدىغانلىكى ئىشلارنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشچە قىلىپ كۆرەيلى.

-ئۆزىڭىز قىلىڭ،- دېدى ئەر،- مەن ھېرىپ كەتتىم.

ھازىر ئۇنىڭ خىيال ئېكرانىدا ئۆزى بۇرۇن كۆرگەن كاراكاچىدىكى بىر ۋوگزال ئۈزۈپ يۈرەتتى. ئۇ بىر بوپىنى كۆتۈرگىنىچە شۇ يەردە تۇراتتى، سىمپىلوندىن ئولىئانتقا بارىدىغان پويىزنىڭ ئالدى چىرىغى ۋوگزالنى ئوبدانلا يورۇتقانىدى. ئۇ چاغ ئۇنىڭ ھەربىي سەپتىن قايتىپ تراستىن ئايرىلماقچى بولۇپ تۇرغان ۋاقتى ئىدى. بۇ كۆرۈنۈشنى ئۇ كېيىن مەلۇم بىر ئەسىرىگە كىرگۈزۈشنى ئويلىغانىدى. يەنە مۇنداق بىر كۆرۈنۈشمۇ بار ئىدى؛ ئەتىگەنلىك ناشتا ۋاقتىدا نەنسېندىكى ئايال كاتىپ دېرىزىدىن بۇلغار تاغ تىزمىلىرىدىكى قارغا قاراۋېتىپ ھېلقى بوۋايدىن: « تاغدىكى قارمۇ-ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىغانىدى. بوۋاي دېرىزە سىرتىغا قاراپ قويۇپ: «ياق، قار ئەمەس، ھازىر قار ياغىدىغان ۋاقىت ئەمەس» دېدى.شۇنىڭ بىلەن ئايال كاتىپ بوۋاينىڭ گېپىنى باشقا بىر نەچچە قىزغا تەكرارلاپ تۇرۇپ: «ياق، ئۇ قار ئەمەسكەن، سىلەر قاراڭلارچۇ!» دېدى. قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ خاتا كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىشتى. لېكىن، بوۋاي ئورنىنى ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنى تاغنىڭ ئىچىگە باشلاپ ئەكىرىپ قويدى. قىزلار قېلىن قارنى غاجىدىلىتىپ دەسسەپ يۇقىرىغا ئۆرلىدى. ئۇلار بۇ قارلىق يولنى تاكى ئۆلگۈچە كۆردى.

شۇ يىلى مىلاد بايرىمى ئۇلار گاۋىېتائىر تېغىدا تۇرۇۋاتقان چاغدا كېلىپ قالدى. ئۇدا بىر ھەپتە قار ياغدى. ئۇلار ياغاچ كەسكۈچىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغانىدى. يوغان ئۆت چاسا بىر ئوچاق ئۆينىڭ يېرىمىنى ئىگىلىۋالغانىدى. ئۇلار بوك دەرەخلىرىنىڭ غازاڭلىرى قاچىلانغان كۆرپىدە ئۇخلاۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا ھېلقى قاچاق ئەسكەر ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردى. ئۇنىڭ قاردا توڭلاپ قېتىپ قالاي دېگەن پۇتلىرىدىن قان ئېقىپ تۇراتتى. ئەسكەر ژاندارمىلارنىڭ ئۆزىنى قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار قوي يۇڭىدا تىكىلگەن پايپاقلىرىنى كىيىپ ئىشكىنىڭ ئىلغۇچىنى ئەتتى. ئۇلار ئۆيدە تاكى قاچاق ئەسكەرنىڭ ئىزى قاردا يېپىلىپ كەتكۈچە تۇردى.

سىمپىلوندا، مىلاد بايرىمى كۈنى ئاپپاق قۇياش نۇرىدا كىشىنىڭ كۆزىنى تېخىمۇ چاقىدىغان دەرىجىدە پارقىراق كۆرۈنەتتى. قاۋاقتىن سىرتقا قارىسىڭىز كۆزىڭىز ئىمىر-چىمىر بولۇپ كېتەتتى، ھەممىلا ئادەمنىڭ چېركاۋدىن ئۆيلىرىگە قايتىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ مۈرىسىدە ئېغىر چاڭغا بار ئىدى. بايىلا ناھايىتى كۆپ ئادەم قاتناشقان چاڭغا تېيىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. قارىغايلار تىككىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغنى بويلاپ دەريا ۋادىسىغىچە سوزۇلىدىغان، چانا تولا ئۆتكەنلىكتىن تولىمۇ سىلىق بولۇپ كەتكەن سارغۇچ رەڭلىك بىر يول بار ئىدى. ئۇلار ئاشۇ يولدىن تاكى «مېدنار ئائىلىسى» نىڭ يۇقىرى تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان مۇزلۇق تۆپىكىكىچە قار تېيىلدى. قارلىق يول شۇنچىلىك سىلىق، تېيىلغاق ئىدى. ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئۇقېتىم ئۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تېيىلغانىدى. شۇ چاغدىكى ھالىتى كىشىگە كۆكتىن پەسلەپ چۈشۈۋاتقان قۇشنى ئەسلىتەتتى.

قاتتىق يار يېغىپ كېتىپ ئۇلار ”مېدنار ئائىلىسى“ دە بىر ھەپتە تۇرۇپ قالدى. سىرتتا شىۋىرغان بولۇۋاتاتتى، ئۇلار قويۇق ئىس-تۈتەك قاپلىغان ئۆيدە چىراغ يورۇقىدا قارتا ئوينىدى. لونتېر ئەپەندى ئۇتتۇرغانسېرى شۇنچە قىزىشىپ جىق پۇل تىكىشكە باشلىدى. ئاخىرىدا چاڭغا تېيىلىشنى ئۆگىتىش مەكتىپىنىڭ پۇلىدىن تارتىپ ھەممىنى ئۇتتۇرۋەتتى. شۇ چاغدا ئۇ ئىلمەك بۇرۇن لونتېر ئەپەندىنىڭ قارتىنى كۆرمەي تۇرۇپ: « بولدى، كۆرمەيمەن» دېگىنىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغانىدى. ئۇ چاغدا ئۇ ھەمىشە قىمار ئوينىلىپ تۇراتتى. قار ياغمىسا تېخى ئوينايتتىڭىز، قانچە جىق ياغسا يەنە شۇنچە پۇل تىكىپ ئوينايتىڭىز. ئۇ بۇ ئۆمرىنىڭ قىمار مەيدانىدا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسلەپ قالدى.

ئەمما، بۇ ھەقتە ئۇ بىرەر پارچە ئەسىرىدە بىرەر قۇر بىر نەرسە يازمىدى. يەنە ھاۋا ئوچۇق بولغان ئاشۇ سوغۇق مىلاد بايرىمى كۈنى توغرۇلۇقمۇ ھېچنېمە يازمىدى. ئۇ كۈنى دالانىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئاقباش تاغلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى، گادنېر مۇداپىئە سېپىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاۋستىرىيە ئوفىتسېرلىرى دەم ئېلىش ئۈچۈن ماڭغان پويىزنى بومباردىمان قىلغاندى. ئوفتسېرلار ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي ھەر تەرەپكە پىتىرىغاندا، ئۇ پېلموت بىلەن ئۇلارغا راسا ئوت ئاچتى. گادىېرنىڭ ئاشخانىغا كىرىپلا بۇ ئىش توغرۇلۇق پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئۇنىڭ ھېلھەم ئېسىدە. تاماققا ئولتۇرغانلارئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قۇدۇققا چۈشكەن تاشتەك جىمىپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي بىرەيلەن: «ھۇ قانخور ئەبلەخ!» دېدى. ئۇ بۇ ئىش توغرىلىقمۇ ھېچنېمە دېيەلمىدى.

-پارىژدا نەدە تۇرغانىدۇق؟- سورىدى ئۇ يېنىدىكى برېزېنت ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئايالدىن. ھازىر ئافرىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇ بىلەتتى.

-كرىئاندا تۇرغان. بۇنى بىلەتتىڭىزغۇ.

-ئۇ يەردە تۇرغانلىقىمىزنى نېمىشقا بىلىشىم  كېرەككەن؟

-بىز باشتىن-ئاخىر شۇ يەردە تۇرغان تۇرساق.

-ئۇ يەردە تۇردۇق. يەنە ساينت گېرمان رايونىدىكى ھېنرى Ⅳتۇرغان بىنادىمۇ تۇردۇق. ئۇ يەرنى ياخشى كۆرىمەن، دەۋاتقانىدىڭىزغۇ.

-مۇھەببەت دېگەن بىر دۆۋە قىغ،- دېدى خارى،- مەن بولسام شۇ بىر دۆۋە قىغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ چىللاۋاتقان خوراز.

-ناۋادا پانىي ئالەمدىن راستتىنلا ئايىرىلىشىڭىزغا توغرا كەلسە،- دېدى ئايال،- چوقۇم ئۆزىڭىز ئەكېتەلمىگەن نەرسىلەرنىمۇ چاناپ يوق قىلۋېتەمسىز؟ دېمەكچى بولغىنىم، ھەممىلا نەرسىنى ئەكەتمىسىڭىز زادى بولمامدۇ؟ ئېتىڭىزنى، خوتۇنىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ، ئېگەر- توقۇملارنى، ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىڭىزنى كۆيدۈرۈۋېتىشىڭىزنى كېرەكمىدى؟

-توغرا ئېتتىڭىز،- دېدى ئۇ،- سىزنىڭ ئاشۇ نىجىس پۇللىرىڭىز مېنىڭ دۇبۇلغام. بۇ دۇبۇلغا ئېتىمغىمۇ، ماڭىمۇ ئورتاق.

-بۇنداق دېمەڭ.

-بوپتۇ، مەن دېمەي، كۆڭلىڭىزگە ئازار بېرىپ قويغۇم يۇق.

-ئەمدى بۇنداق دېسىڭىزمۇ كېچىكتىڭىز.

-بوپتۇ ئەمىسە، كۆڭلىڭىزگە داۋاملىق ئازار بېرەي. بۇنداق قىلسام خېلى قىزىقى بولىدىكەن. سىز بىلەن بىللە قىلىشنى خالايدىغان بىردىنبىر ئىشنىمۇ ھازىر قىلالمايدىغان بولۇپ قاپتىمەن.

-ياق، بۇ ھەققىي گېپىڭىز ئەمەس، سىز قىلىشنى خالايدىغان ئىشلار نۇرغۇن. سىز خالىغانلىقى ئىشلارنى مەنمۇ قىلغان.

-خۇدانىڭ ھەققىي-ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇنداق كۆپتۈرۋەتمىسىڭىز قانداق؟

ئۇ ئايالنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.

-گېپىمنى ئاڭلاڭ،- دېدى ئۇ،- سىز مېنى مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ كۆڭلىنى خۇش قىلىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ نېمىشقا شۇنداق دېگەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. مېنىڭچە، بۇ ھەممىنى بەربات قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنى تىرىك قالدۇرۇش بولىدۇ. يېڭى پاراڭلاشقان ۋاقتىمىزدا بىر ئوبدان تۇراتتىمغۇ. گەپنى بۇنداق باشلاش ئويۇممۇ يوق ئىدى. لېكىن، قارىسام ھازىر دۆتلۈكتە تازا ئۇچىغا چىقىپتىمەن. سىزگە قاتتىق گەپ قىلۋېتىپتىمەن. دېگەن گەپلىرىمنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، قەدىرلىكىم. سىزنى سۆيىمەن، راسىت. سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسىز. باشقا ئاياللارنى سىزنى سۆيگەندەك سۆيۈپ باققان ئەمەسمەن.

ئۇ كۈندىلىك تاماقتەكلا ئادەتلىنىپ قالغان يالغان گەپلىرىنى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا دەپ تاشلىدى.

-مەن سىزگە شۇنداق ئوبدان مۇئامىلە قىلۋاتىمەنغۇ.

-ھەي ئوسال خوتۇن،- دېدى ئۇ،- ھەي پۇلى بار ئوسال خوتۇن. بۇ بىر شېئىر. ھازىر ھەممە يېرىدىن شېئىر تۆرىلىدىغان بولۇپ كەتتى دەڭا، سىسىمچىلىق بىلەن تولغان شېئىر، چىرىگەن شېئىر.

-بولدى، سۆزلىمەڭ، خارى. نېمىشقا تۇرۇپلا غەيرىي ئۆزگىرىۋالغانسىز؟

-ھېچقانداق نەرسىنى قالدۇرۇپ قويغۇم يوق،- دېدى ئەر،- مېنىڭدىن بىر نەرسە قالمىسىكەن دەيمەن.

قاراڭغۇ چۈشكەنىدى، ئۇ بىردەم قېنىپ ئۇخلىدى. قۇياش ئاللىبۇرۇن تاغنىڭ كەينىگە ئولتۇرۇپ بولغانىدى. دالادا سىياھتەك قاراڭغۇلۇق ھۆكۈم سۈرەتتى. بىر نەچچە جانىۋار بارگاھقا يېقىن بىر يەردە بىر نەرسە چوقۇپ يەۋاتاتتى، بېشى بىردە كۆتۈرۈلۈپ يەنە تېزلا پەسىيەتتى، قۇيرۇقلىرى ئۇيان-بۇيان مىدىرلايتتى. خارى ئۇلارنىڭ چاتقاللىقنىڭ نېرى تەرىپىگە قېچىپ كەتكىنىگە قاراپ تۇراتتى. ھېلقى پۇرسەتپەرەس يوغان قۇشلارمۇ ئەمدى يەردىن دەرەخكە چىقىۋالغانىدى، ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى تېخى جىق ئىدى. خارىنىڭ ئەر چاكىرى كارىۋات يېنىدا تۇراتتى.

-خانىم ئوۋ ئوۋلىغىلى كەتتى،- دېدى چاكار،- ئەپەندى، سىزگە بىر نېمە كېرەكمۇ؟

-ھېچنېمە كېرەك ئەمەس.

خوتۇنى ئوۋ ئوۋلىغىلى ، ئازراق ئولجا تاپقىلى كەتكەنىدى. ئۇ خارىنىڭ ئوۋغا ئامراقلىقىنى بىلىپ مەقسەتلىك ھالدا يىراققا كەتكەنىدى. بۇنداق بولغاندا ئايال تىنچ ياتقان دالانى چۆچۈتۈۋەتمەيتتى، ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ قالمايتتى. مېنى كۈتىمەن دەپ قىلمىغان- ئەتمىگىنى قالمايدۇ، دەپ ئويلىدى خارى. دېمىسىمۇ ئايال ئۇنىڭغا ھېكايە سۆزلەپ بەرگەندە، ئۆزى بىلىدىغىنىمۇ، بىر يەردىن ئوقۇغىنىمۇ ياكى باشقىلاردىن ئاڭلىغىنىمۇ، بۇ توغرۇلۇق ئوبدان ئويلىناتتتى.

بۇ ئايالنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس. خارى ئايال بىلەن تونۇشقان چاغدىلا تۈگەشكەنىدى. دېگەن گەپلىرىنىڭ چىن كۆڭلۈڭدىن چىقمىغانلىقىنى ئايال كىشى نەدىن بىلسۇن؟ بىردەملىك خۇشاللىقنى دەپ رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا ئېيتىلغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن؟ ئۇ ئۆزى دېگەن گەپلەرگە ئىگە بولماي ئاياللارغا يالغان سۆزلەر بىلەن مۇئامىلە قىلۋېدى، بۇ گەپلەرنىڭ ئۈنۈمى بۇرۇنقى چىن گەپلىرىنىڭكىدىن بەكرەك ياخشى بولدى.

ئۇنىڭ يالغان گەپنى تولا قىلىشى دېگۈدەك راست گەپلىرىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس. بىر ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ قەنتىنى چاقىرلىشاي چاغلىرى بولغان. ئەمدى ھاياتى ئاخىرلىشاي دېگەندە تېخىمۇ نۇرغۇن پۇل تاپتى، يەنە ھەرخىل ئادەملەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشىپ، ئۆزى ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان جايلاردا ، بەزى يېڭى يەرلەردە قايتىدىن ياشاپ قالدى.

پىكىر -خىيالىڭنى يىغۋالغاننىڭ ئۆزىمۇ چوڭ ئىش. ئىچكى ئەزالىرىڭ شۇنداق ياخشى. ئىچكى ئەزالىرىڭ شۇنداق ياخشى. يىقىلماسلىقىڭدىكى سەۋەب شۇ. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى يىقىلدى، سەنلا تېخىچە ئۆرە تۇرۇۋاتىسەن. سېنىڭدە شۇنداق بىر پوزىتسىيە بولسۇن، ئەمدى بىر ئىشلارنى قىلىشقا يارىمىغاندىكىن، دائىملىق خىزمەتلەرگە زادى كۆڭۈل بۆلمە. لېكىن، سەن كۆڭلۈڭدە بۇلارنى، ناھايىتى پۇلدار بۇ كىشلەرنى قەلەمگە ئالماقچى ئىدىڭ؛ پەقەتلا ئۇلارنىڭ دۆلىتىدىكى بىر جاسۇس ئىكەنلىكىڭنى ئېيتقانىدىڭ. بۇ دۆلەتتىن كېتىدىغانلىقىڭنى، يەنە كېلىپ تۇنجى قېتىم بۇ دۆلەتنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئادەم سۈپتىدە يازماقچى بولغانلىقىڭنى ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئۇ بۇنى مەڭگۈ يازالمايدىغان بولدى. سەۋەبى ھەر كۈنى ئازراقمۇ قەلەم تەۋرەتمەي راسەت ئىزدەپ داردىيىپ ياتتى؛ ئۆزى كۆزگە ئىلمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالدى. بۇ ھال ئۇنىڭ ئۆتكۈر زېھنىنى گاللاشتۇردى. ئىشلەش ئىرادىسىنى سۇندۇردى. ئاخىر ئۇ ھېچنېمە يازالمايدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ بىر ئىش قىلمىسا، يېڭى تونۇشقان تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ. ئافرىقا ئۇنىڭ ئۆمرىدىكى كۈنلىرىنى ئەڭ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگەن جاي. بۇ يەرگە ئۇ شۇ سەۋەبتىن، ھەممىنى باشتىن باشلاش ئۈچۈن كەلگەن. بۇ قېتىم ئۇلار ئافرىقىغا سەل خۇش ياقمىغاندەك كەلدى ۋە ئوۋغا چىقتى. نېمىشقا دېگەندە، جاپاغۇ تارتمىدى، لېكىن، راھەت كۆرۈپ كەتكىنىمۇ تايىنلىق. ئۇ ئىلگىرى مۇشۇنداق قىلىپ قايتىدىن چېنىقارمەن، روھىمنى قاپلىغان مايلارنى چىقىرۋېتەرمەن، بەدىنىدىكى ئارتۇق مايلارنى چىقىرۋېتىش ئۈچۈن تاغلارغا چىقىپ قارا ئىش قىلغان، چېنىققان بوكىسچىدەك روھىي دۇنيايىمدا سىلكىنىش پەيدا قىلارمەن دەپ ئويلىغانىدى.

   ئايال بۇ قېتىمقى ساياھەتكە ئۆزى خالاپ كەلگەنىدى. مۇھىتتا ئازراق بولسىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدىغان، يېڭى ئادەملەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغان، كۆڭلىنى خۇش قىلالايدىغان ئىش بولسىلا ئايال يۈگۈرۈپ بېرىپ قىلاتتى. خارى بولسا ئۆزىدە خىزمەت قىلسا ياخشى بولۇپ كېتىۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىقىنى سېزەتتى. ئەمدى ئۇنىڭ ھاياتى مۇشۇنداقلا ئاخىرلىشىدىغان بولدى. ئۇ بۇنىڭ پاكىت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەمدى يىلانغا ئۆزگىرىپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىشنىڭ قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىدى. چۈنكى يىلان ئومۇرتقىسى سۇنسا ئۆزىنى ئۆزى يەۋېىتىدۇ. بۇ ئايالنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يېنىدا بۇ ئايال بولمىسا باشقا ئايال چوقۇم بار بولاتتى. ئۇ يالغان گەپ بىلەن ياشىغان بولسا، ئەمدى يالغان گەپ بىلەن ئۆلۈشنى سىناپ باقسا بولاتتى. شۇ ئارىدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى.

ئوقى جايىغا تېگىپتۇ-دە! ئۆزى ئاق كۆڭۈل، پۇلدار ئايال. ئۇنىڭغا شۇنداق كۆيۈنىدۇ، لېكىن تالانتىنى يوقتىپ قويۇشىغا سەۋەبچى بولدى-دە! قۇرۇق گەپ! ئۇ تالانتىنى ئۆزى ۋەيران قىلدى. بۇ ئايالدىن ئاغرىنغۇدەك نېمە ھەققىي بار؟ ئۆزىنى ياخشى كۈتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى شۇنداق ئەيىبلىسە بولامدۇ؟ ئۇ تالانتلىق بولغىنى بىلەن شۇ تالانتىنى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويدى؛ ئۆزىگە، ئۆزى ئېتقاد قىلغان جىمى نەرسىگە ئاسىيلىق قىلدى. ھاراقنى جىق ئىچىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن سېزىملىرى گاللاشتى. ھۇرۇن، يالقاۋ، پوچى، ھاكاۋۇر بولغانلىقى ۋە باشقا تۈرلۈك ئىللەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ تالانتىنى نابۇت قىلدى. زادى ئۇنىڭ تا؛تالانت دېگۈدەك نېمىسى بار؟ شۇ كونا كىتاب كاتولىگىمۇ؟ بۇ دېگەن قانچىلىك نېمىتى؟ ئۇنى تالانت دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانمىدى، ئۇنىڭدىن سودا ئورنىدا پايدىلاندى. ئۇ ئەزەلدىن تالانتىنى ئىشقا سېلىپ بىرەر ئىشلارنى قىلمىغان، ئەكىسىچە ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. قەلەمگە، قېرىنداشقا ئەمەس، باشقا نەرسىلەرگە تايىنىپ ياشاشنى كۆڭلىگە پۈككەن. شۇنداققۇ؟ سۆزلەپ كەلسە بۇمۇ بىر قىزىق ئىش. نېمىشقا ئۇ ھەر قېتىم ياخشى كۆرۈپ قالغىنى ئايال ئالدىنقىسىدىن پۇلدار چىقىپ قالىدىغاندۇ؟ بولمىسا بۇ ئايال ئۆزى ئۇچراتقان ھەر قانداق ئايالدىن باي. ئېرى ، باللىرى بار. باشقا ئاشنىلىرىنىمۇ ئىزدىسە كۆڭلى سۇ ئىچمەيدۇ. ئۇنى بىر يازغۇچى، ھەققىي بىر ئەركەك، بىر ھەمراھ، بىر پەخىرلىك ئادىمى قاتارىدا كۆرۈپ پايپېتەك بولغىنى بولغان. شۇنىسى قىزىق، خارى ئۇ ئايالنى ھەققىي سۆيمەي تۇرۇپ، يالغان گەپ قىلۋېتىپ تۇرۇپ ئۆزىگە خەجلىگەن پۇللىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئازراق جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلىۋىدى، ئۇنىڭغا بەرگىنى ئۆزى ئىلگىرى چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ھەرقانداق بىر ئايالغا بەرگىنىدىن ئېشىپ چۈشتى.

نېمە قىلدىغانلىقىمىز قىسمەتكە پۈتۈلۈپ بولىدىكەن، دەپ ئويلىدى خارى. مەيلى نېمىلا قىلماڭ، قىلغان شۇ ئىشىڭىزدا ئىقتىدار ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىكەن. ئۇنىڭ ھاياتى يا ئۇنداق، يا مۇنداق شەكىلدە ئۆزىنىڭ جان تومۇرىغا -تالانتىغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئادەم مۇھەببەتنى ئانچە بېرىلىپ كەتمىگەن چېغىدا پۇلنى چوڭ بىلدىغان بولۇپ قالىدىكەن. ئۇ بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتتى، لېكىن بۇ توغرۇلۇق بىر نېمە يازمايدۇ، كېيىنمۇ يازمايدۇ، يېزىشقا تېگىشلىك يېرى بولسىمۇ مەيلى.

ئايال ھېلقى ئوچۇقچىلىقتىن ئۆتۈپ بارگاھ تەرەپكە يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى. ئۇ گەلەپى شىم كىيگەن، تاللىق مىلتىق كۆتۈرۈۋالغانىدى. ئىككى ئەر چاكار بىر ئارقارنى كۆتۈرگىنىچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلەتتى. ئايال ھېلىھەم چىرايىدىن كەتمىگەنىدى. ئۇستىخىنى ئەجەبمۇ چىرايلىق ئايال- دە،بۇ، دەپ ئويلىدى خارى. ئۇ كارىۋاتقا چىققاندىمۇ ئەر كىشىنى قانداق ھۇزۇرلاندۇرۇشنى بىلەتتى. ئۆزى ئانچە چىرايلىق ئەمەس ئىدى، لېكىن خارى ئۇنىڭ يۈز شەكلىنى ياخشى كۆرەتتى. بۇ ئايال جىق كىتاب ئوقۇغان، ئات مىنىشنى ۋە كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى؛ ھاراقنىمۇ جىق ئىچىپ قوياتتى. ياش ۋاقتىدا ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ بىر مەزگىل زېھنىنى ئەمدىلەتىن ئۆسۈشكە باشلىغان ئىككى بالسىغا قاراتتى. لېكىن، بالىلار ئانىسىنىڭ يېنىدا بولۇشنى ئانچە خالاپ كەتمەيتتى؛ ئۇ يېنىدا بار چاغلاردا ئۆزلىرىنى ئەركىن بولالمايۋاتقاندەك سېزەتتى. بۇلاردىن باشقا، ئايال ئات بېقىش، كىتاب ئوقۇش، ھاراق ئىچىشكىمۇ ئوبدانلا يېتىشەتتى. كەچلىكى تاماقتىن بۇرۇن سودا قوشۇلغان ۋىسكىي ئىچكەچ كىتاب ئوقۇيتتى. شىرەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئىچكەن قىزىل ھاراق تاماق ۋاقتىغىچە ئۇنى خېلىلا مەست قىلىپ قوياتتى.

بۇ ئۇنىڭ ئاشنا تېپىشتىن ئىلگىرىكى ئەھۋالى ئىدى، ئاشنا تاپقاندىن كېيىن ئۇ ھاراقنى بۇرۇنقىدەك جىق ئىچمەس بولدى. چۈنكى، ھاراق ئىچىپ ئىچ پۇشۇقىدا ئۇخلاپ قالىدىغان ۋاقىتلار ئەمدى كەلمەسكە كەتكەنىدى. لېكىن، ئاشنىلىرى ئۇنى جاق تويغۇزۇۋەتتى. ئىلگىرى تەگكەن ئېرى ئۇنى شۇنداق خۇشال قىلاتتى. لېكىن كېيىنكى ئاشنىلىرىدىن بەك بىزار بولۇپ كەتتى.

كېيىن ئۇنىڭ بىر بالىسى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاشنىلىرىغا يېقىن يولىمىدى، ھاراقنىمۇ ئىچمىدى. ئەمدى يېڭى بىر تۇرمۇش يولىنى باشلىمىسا بولمايتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يالغۇز تۇرۇۋېتىپ نېمىدۇر بىر ئىشتىن قاتتىق قورقۇپ كەتتى، يۈرەكلىرى ئاسقىپ كەتتى. لېكىن، ئۇ ئەمدى ئۆزى ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئادەم بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرمىسە بولمايتتى.

ئىشنىڭ جەريانى تولىمۇ ئاددىي بولدى. ئايال خارىنىڭ يازغان نەرسىلىرىنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ھۆرمەت قىلاتتى، ئايالنىڭ نەزىرىدە، خارى دەل ئۆزىنىڭ قىلىمەن دېگەن ئىشىنى ئورۇندىغان ئادەم ئىدى. ئايال خارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن خىلمۇ-خىل ۋاستىلەرنى قوللاندى، ئاخىرىدا ئۇنى راسىتنلا ياخشى كۆرۈپمۇ قالدى، بۇ ئىشلار ناھايىتى نورمال، تەبئىي پۈتتى. بۇ جەرياندا ئايال ئۆزىنى يېڭىچە بىر تۇرمۇش يولىغا باشلىۋالدى. خارى بولسا كونا دەسمايىسىنى يەپ يۈرۈۋەردى.

ئۇنىڭ كونا دەسمايىسىنى يەپ يۈرىۋېرىشى خاتىرجەملىككە، راھەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىدى. بۇنىدىن باشقا نېمە سەۋەب بارلىقىنى خارىمۇ بىلمەيدۇ. خارىنىڭ نېمىگە ھاجىتى چۈشسە ئايال ئۇنى تەييار قىلىپ بېرەتتى. خارىنىڭ بىلىدىغىنى شۇ. بولمىسا ئۇ ناھايىتى مۇلايىم ، مېھرى ئىسسىق ئايال ئىدى. باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا خارىدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن دەرھاللا بىر ياستۇققا باش قويۇش ئىستىكى بار ئىدى. بۇ ئىستەك ئايالدا كۈچلۈكرەك ئىدى. ئۇ پۇلدار ئادەمنى خۇشال قىلالايدىغان، بىر ئىشلاردىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدىغان ئايال ئىدى، تولا كوتۇلدىمايتتى. بۇ تەرەپلىرى خارىنى قىزىقتۇراتتى. لېكىن، ئايالنىڭ يېڭىۋاشتىن تىكلىگەن تۇرمۇش يولى ئاخىرلىشىدىغان بولدى. بۇنىڭغا ئىككى ھەپتە بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر ئىش سەۋەبچى ئىدى. ئۇ كۈنى خارىنىڭ پۇتىغا شوخا كىرىپ كەتتى، ئۇ زېدىلەنگەن يېرىگە يود سۈيى سۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالدى. ئۇ كۈنى ئۇلار بىر توپ ئارقارنى سۈرەتكە تارتىۋېلىش ئويىدا تىككەنلىككە كەلگەنىدى، ئارقارلار بېشىنى كۆتۈرۈپ ھاۋادىن قېنىپ-قېنىپ نەپەس ئالاتتى، لېكىن بىرەر شەپە ئاڭلىسىلا ئورمانلىققا قېچىپ كىرىۋېلىشىنى ئويلامدۇ، ئەيتاۋۇر ھەر ۋاقىت قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇشنى ئۇنتۇمايتتى، ئۇ سۈرەتكە تارتىشقا ئۈلگۈرمەستىنلا ئارقارلار قېچىپ كەتتى.

خارىنىڭ خىيالىنى كارىۋات يېنىغا كەلگەن ئايال بۇزۇۋەتتى.

خارى كارىۋاتتا ئۆرۈلۈپ ئۇزاق قارىدى ۋە:

-ياخشىمۇسىز؟- دېدى .

-ئارقاردىن بىرنى ئاتتىم،- دېدى ئايال،- سىزگە شورپا قىلىپ بېرەيلى. ئۇلارنى شورپىغا ياڭيۇ تالقىنى بىلەن سۈت قېتىشنى بۇيرۇدۇم. ئۆزىڭىزنى قانداقراق ھېس قىلىۋاتىسىز؟

-بايقىدىن جىق ياخشى.

– ئەلۋەتتە ياخشىلىنىسىز،- دەسىزنى ياخشى بولۇپ كېتەر دەپ ئويلىغانىدىم. بۇنى ھەم سىزمۇ بىلىسىز، بايا ماڭار چېغىمدا تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتىڭىز.

– ناھايىتى ياخشى ئۇخلاپتىمەن، يىراقلارغا باردىڭىزمۇ؟

-يىراققا بارمىدىم. تاغنىڭ كەينىگىلا، ئارقارغا بىرىنجى پاي ئوقۇملا تەگدى.

 – قالتىس ئوۋچى- دە، سىز.

 – مىلتىق ئېتىشنى ياخشى كۆرىمەن، ئافرىقىغا ئامراق بولۇپ قالدىم. راستىنى دېسەم ، سىز ئاغرىپ قالمىغان بولسىڭىز، بۈگۈنكىسى ماڭا ھاياتىمدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك. بۇنى سىز بىلمەيسىز. مەن بۇ يەرگە ئامراق بولۇپ قالدىم.

 – بۇ يەرگە مەنمۇ ئامراق.

 قەدىرلىكىم، ئازراق بولسىمۇ ياخشى بولغاندەك ھېس قىلغىنىڭىز بەك ياخشى بولدى. بايا قىينىلىپ كېتىۋېدىڭىز، تۇرالمايلا قالدىم. ماڭا ئەمدى بايىقىدەك گەپ قىلماڭ، بولامدۇ؟ ماقۇل دەمسىز

 – ئەمدى ئۇنداق گەپ قىلماسمەن،- دېدى خارى،- بايا نېمە دېگەنلىكم ئېسىمدە يوق.

 – مېنى تۈگىشىپ كەتسۇن دېمەيدىغانسىز؟ مەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال، لېكىن مەن سىزنى سۆيىمەن. نېمە قىل دېسىڭىز شۇنى قىلىمەن. ھېلىمۇ ئىككى- ئۈچ قېتىم قاتتىق تۈگىشىپ كەتكەن چاغلىرىم بار. ئەمدى سىز مېنى ئاياڭ، بولامدۇ؟

 -شۇ تاپتا سىزنى كارىۋات ئۈستىدە تازا قىينىغۇم كېلىۋاتىدۇ.

 -ئۇنىڭدا پەيىزى بولاتتى. بىزگە مۇشۇنداق قىيناش-قىيىنىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەمەسمۇ. ئەتە ئايىروپىلان كېلىدۇ.

 – ئايىروپىلاننىڭ ئەتە كېلىدىغابلىقىنى قانداق بىلىسىز؟

 – ئىشەنچىم بار. ئايىروپىلان چوقۇم كېلىدۇ. چاكارلار ئوتۇنلارنى، ھۆل موخۇركىنى تەق قىلىپ قويدى. بۈگۈن  مەن يەنە چۈشۈپ قاراپ باقتىم. ئۇ يەر ئايىروپىلاننىڭ قونۇشىغا باپ كېلىدىكەن. ئوچۇقچىلىقنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىككى دۆۋە موخۇركىنى دۆۋىلەپ قويدۇق.

 – ئايروپىلاننى ئەتە كېلىدۇ دېيىشتە نېمە ئاساسىڭىز بار؟

 – ئايروپىلان چوقۇم كېلىدۇ. بۈگۈن كېچكتى. ئۇلار شەھەرگە بارغاندىن كېيىن پۇتىڭىزنى داۋالايدۇ. ئاندىن ئىككىمىز ئازراق پەيزى قىلىمىز. ئۇنداق مەززىسىز پاراڭلارنى قىلىپ يۈرمەسمىز.

 – ئازراق ھاراق ئىچەيلىچۇ. كۈن ئولتۇرۇپتۇ.

 – ئىچكۈڭىز بارمۇ؟

 – بىر رومكا ئىچكۈم بار.

 – ئەمىسە تەڭ ئىچەيلى. مورۇ، سودا قېتىلغان ئىككى رومكا ۋىسكىي ئەكەل! -ئايال ۋارقىرىدى.

 – پاشنىلىق ئۆتۈكنى كىيىۋالسىڭىز بولاتتى،- دېدى خاكى.

 – يۇيۇنۇۋالغاندىن كېيىن كىيەي…

 ئۇلار ھاراق ئىچىۋاتقاندا ، زېمىننى بىر نەرسە ئىلغا قىلمىغۇدەك دەرىجىدە قاراڭغۇلۇق باستى. بىر ئىت ئوچۇقچىلىقتىن تاغ تەرەپكە قاراپ سوكۇلدىغىنىچە كېتىپ قالدى.

 – ئاۋۇ ئىت ھەر كۈنى شۇ يەرنى ئەگىپ كېتەلمەيدۇ،- دېدى ئەر،- بۇنىڭغا ئىككى ھەپتە بولدى.

 – ھەر كۈنى ھېلقىدەك ئاۋاز چىقارغىنى دەل شۇ ئىت، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئىتكەن. لېكىن، مەن ئانچە پەرۋايىمغا ئېلىپ كەتمىدىم.

 ئۇلار بىللە ھاراق ئىچىشتى. خارى ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلەلمىگىنى ئۈچۈن ئىچى پۇشۇۋاتقان بولسىمۇ، ئاغرىقنى سەزمىدى. ئىككى چاكار گۈلخان ياقتى، چېدىردا نۇر دەستىلىرى سەكرەپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى. خارى قەلبىدە بۇنداق تەسلىملەرچە تۇرمۇشقا بىلىپ-بىلمەي كۆنۈكۈش ھېسسىياتىنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى سەزدى. بۇ ھېسىيات ئەمدى يەنە ئىختىيارسىز باش كۆتۈرۈۋاتاتتى. ھەقىقەتەنمۇ ئايالنىڭ خارىغا قىلمىغىنى قالمايتتى. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۇ ئايالغا بەك قاتتىقلىق قىلدى، ئۇۋال قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بەك ياخشى ئايال، قالتىس ئايال. دەل شۇ دەقىقىدە تۇيۇقسىز خارى ئۆزىنىڭ پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىدىغلىقىنى ئويلاپ قالدى.

 بۇ ئوي ئۇنىڭغا تولىمۇ تۇيۇقسىز زەربە شۇنچە تېز بولدىكى، بۇ خىل تېزلىك ئېقىن سۇنىڭكىگە ياكى تەلۋە شامالنىڭكىگە ئەمەس، بۇرۇنغا گۈپپىدە ئۇرۇلغان سېسىق پۇراقنىڭكىگە ئوخشايتتى.

 – نېمە بولدى، خارى؟- دېدى خارى،- سىز ياخشىسى ئاۋۇ چەتتە ئولتۇرۇڭ، شامال كېلىدىغان چەتتە.

 – مورۇ دورىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ قويدىمۇ؟

 – ئالماشتۇردى. بايىلا بورات مەلھىمى سۈرتكەن.

 -ھازىر قانداقراق؟

 – ئازراق تىترەۋاتىمەن.

 – مەن يۇيۇنۇپ چىقاي،- دېدى ئايال.- ھازىرلا چىقىمەن. بىرگە تاماق يېگەندىن كارىۋاتنى ئۆيگە ئەكىرىپ كېتىمىز.

 ئەمدى تاكاللاشمايلى، سوقۇشمايلى، دەپ پىچىرلىدى خارى ئىچىدە، ئىلگىرى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئاياللار بىلەن خېلى قاتتىق ئۇرۇشىدىغان خارى بۇ ئايال بىلەن زادى ئۇرۇشمىغانىدى. گەپ تاكاللىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇ چاغلاردا خارى بىلەن ئۇ ياخشى كۆرگەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسىياتقا بەھەم يېتەتتى. ئۇنىڭ مۇھەببىتى بەك چوڭقۇر بولغاچقا، تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ تەبئىي يوسۇندا كۆپ بولاتتى. مانا ئەمدى ھەممە ئەنە شۇنداق تۈگىدى.

 كونستانتىنوپولدا غېرىبلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزگەن چاغلىرى ئۇنىڭ خىيال ئېكرانىدىن لىپ قىلىپ ئۆتتى. پارىژدىن كېتىشتىن ئىلگىرى ئۇ قاتتىق بىر جېدەل تېرىدى. ئۇ چاغلاردا ھەر كېچىسى دېگۈدەك پاھىشخانىغا كىرەتتى، ئەممە ئىش تۈگىگەندىن كېيىن بولسا ئىچ پۇشۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە چىدىغۇسىز بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە قالاتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بىرىنچى ئاشنىسىغا- ئۆزى تاشلاپ كەتكەن ئايالغا بىر پارچە خەت يازدى. خەتكە ئۆزىنىڭ ئۇنى ھازىرغىچە سېغىنىپ كېلىۋاتقانلىقى… سۈرەتخانىنىڭ سىرتىدا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاش ئۈچۈن ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ قالغۇچە يۈگۈرگەنلىكى سايىلىك چوڭ يولدا ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئايالنى ئۇچىرىتىپمۇ كۆڭلىدىكى تاتلىق ھېسىياتلارنىڭ يىتىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قاراشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقى، نەچچە ئايال بىلەن بىرگە ياتقان بولسىمۇ، ئۇ ئاياللارنىڭ پەقەت ئۇنى سېغىندۇرۇش رولىنىلا ئوينىيالىغانلىقى ئۆزىنىڭ ئۇنى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايدىغانلىقى نېمە ئىش قىلسا كۆڭلىگە ئالمايدىغانلىقى… قاتارلىقلارنى يازدى. ئۇ بۇ خەتنى بەزمىخانىدا سوغۇق قانلىق بىلەن سەگەك ھالەتتە يېزىپ تۈگەتكەندىن كېيىن پوچتىخانىغا كېلىپ نىيۇ-يوركقا سېلىۋەتتى، خەتكە ئاشنىسىنىڭ جاۋاب خەتنى پارىژدىكى ئىش ئورنىغا ئەۋەتىشنى ئۆتۈنۈپ ئازراق گەپ قىستۇرۇپمۇ قويدى. بۇنداق بولغاندا سەل مۇۋاپىقراق بولاتتى. ئۇ كۈنى ئۇ ئاشنىسىنى شۇنچىلىك سېغىندىكى، ئارامسىزلىنىپ كوچىدا نېمە قىلارىنى بىلمەي لەلەڭشىپ يۈردى. تاكسىم كوچىسىدىن ئۆتۈۋېتىپ بىر ئايال بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى. ئۇ ئايال ئۇنىڭ بىلەن كەچلىك تاماق يېگىلى باردى. ئاندىن ئىككىسى بىر يەرنى تېپىپ بىللە تانسا ئوينىدى. ئۇ ئىچى پۇشۇپ كېتىپ ئۇنى تاشلاپ، ئەرمىنىيىلىك بىر شەرەنداز ئايال بىلەن تېپشىۋالدى. كاساپەت ھېلىلا بەدىنىدىن كېلىۋاتقان ھارارىتى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىنى تېشىۋەتمەكچى بولغاندەك، ئۇنىڭغا چىڭڭىدە چاپلىشىپ ئوينايتتى. ئارىلىقتا ئۇ مۇشۇ ئايالنى دەپ ئەنگىلىيىلىك بىر توپچى ئەسكەر بىلەن سوقۇشۇپ قالدى ۋە ئايالنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ ماڭدى. ھېلقى ئەسكەر ئۇنى سىرتقا چاقىرتتى. ئۇ ئىككىسى تاش ياتقۇزۇلغان چوڭ كوچىدىلا مۇشتلىشىپ كەتتى. ئۇ توپچى ئەسكەرنىڭ ئېڭكىگە كېلىشتۈرۈپ ئىككىنى سالدى. ئەمما ئۇ ھېچ يىقىلدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ شۇندىلا قاتتىق مۇشت-تېپىك ئاستىدا قالىدىغانلىقنى چۈشەندى. ھېلقى ئەسكەر ئاۋۋال ئۇنىڭ بەدىنىگە، ئاندىن ئۇنىڭ بۇرنىغا قاتتىق مۇشت ئاتتى. ئۇ يەنە بىر قېتىم سول قولىنى بىر شىلتىۋىدى، مۇشتى ئەسكەرگە تەگدى. ئەسكەر يوپۇرۇلۇپ كەلگەن پېتى ئۇنىڭ چاپىنىدىن قاماللاپ يېڭىنى يىرتىۋەتتى. ئۇ ئەسكەرنىڭ قۇلاق تۈۋىگە كېلىشتۈرۈپ ئىككىنى سالدى، ئاندىن ئوڭ قولى بىلەن ئۇنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتتى. ئەسكەر بېشىچىلا چۈشتى. دەل شۇ چاغدا ژاندارمىلارنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى. ئۇ ئايالنىڭ قولىدىن يېتىلگىنىچە بەدەر تىكىۋەتتى. ئۇلار بىر تاكسىغا چۈشۈپ فوسفور بوغۇزىنى بويلاپ ئىزمىر تەرەپكە قاراپ ماڭدى ۋە ماشىنىنى بىر ئايلاندۇرغۇزۇپ شەھەرگە قايتىپ كېلىپ ئۇخلاپ قالدى. ئەرمىنىيىلىك ئايال كارىۋاتتىمۇ سىرتقى تۇرقىغا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ناھايىتى پىشقان ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. ئەمما، بەدىنى بەك سىلىق، لىغىرلاپ تۇراتتى، تولغان كۆكسى تۆگە لوكسىدەك چوقچىيىپ تۇراتتى. ئەتىسى ئەتىگىنى ئۇ ئايال ئويغىنىشتىن بۇرۇن ياتاقتىن چىقىپ كەتتى. ئايال ئويغىنىپ ئۆيگە يېڭىلا كىرگەن قۇياش نۇرىدا ئۆزىنىڭ ناھايىتى سەتلىشىپ كەتكەنلىكىنى سەزدى. ئۇ بولسا ياتاقتىن چىقىپ يېڭى يىرتىلغان چاپىنىنى قولىدا كۆتۈرگىنىچە پراگونغا كەلدى. كۆز جىيەكلىرى ھېلھەم كۆكىرىپ تۇراتتى

 شۇ كۈنى كەچتە ئۇ كونستانتىپولدىن ئاناتولىيەگە كەتتى، كېيىن شۇ قېتىملىق ساياھىتىنى كۈن بويى خىيالىدىن چىقرالماي، ئەپيۇن گۈلى تېرىلغان ئېتىزلاردا لاغايلاپ يۈردى. ئۇ يەردىكى كىشلەرنىڭ ئەپيۇن گۈلىدىن ئويۇن چىقىرىش ھۈنىرى ئۇنىڭغا بەك يېڭى تۇيۇلدى. ئاخىرىدا نەگىلا بارسا ئۆزىنىڭ بارا جايىنى تاپالمايۋاتقاندەك بىر ھېسىياتتا كونستانتىنوپولدىن يېڭى كەلگەن ئوفىتسېرلار بىلەن بىللە ھۇجۇمغا ئۆتكەن كونا جايغا كېلىپ قالدى. ئۇ چاغلاردا ئۇ ئوفىتسېرلار ھېچنىمىنى بىلمەيتتى، زەمبىرەكنى ئاتتىم دەپ ئۆزلىرىنىڭ گازارمىسىغا ئېتىۋېتەتتى. ھېلقى ئەنگىلىيىلىك كۆزەتكۈچى بۇ ھالدىن كىچىك بالىدەك يىغلاپ كەتكەنىدى.

 شۇ كۈنى ئۇنىڭ جەسەتنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى بولۇپ قالدى. جەسەتنىڭ ئۇچىسىدا بالېت ئۇسۇلى ئوينىغاندا كىيىدىغان ئاپپاق كۆڭلەك، پۇتىدا تۇمشۇقى ئاسمانغا قاراپ قالغان، ئۇ يەر بۇيەرلىرى مۇدۇر-چۇقۇر بولۇپ كەتكەن بىر ئاياغ بار ئىدى. تۈركلەر سەلدەك ئېقىپ كېلەتتى. كۆڭلەكلىك ئەرلەر ھەر يان پىترايتتى. ئوفىتسېرلار ئۇلارغا قاراپ ئوق چىقراتتىيۇ، ھايال ئۆتمەي ئۆزلىرىمۇ قۇيرۇقىنى خادا قىلاتتى. ئۇمۇ ھېلقى ئەنگىلىيىلىك كۆزەتكۈچى بىلەن تىكىۋەتتى. شۇنچىلىك تېز يۈگۈردىكى، ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ، ئاغزىدا تولىمۇ بەتتام بەر تەم پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇلار قىيا تاشنىڭ دالدىسىدا بىردەم ئارام ئېلىۋالدى. تۈركلەر يەنىلا ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىلەردەك يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتاتتى. كېيىن ئۇ ئۆزىمۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلارنى، بۇ قېتىمقىدىنمۇ دەھشەتلىك ئىشلارنى كۆردى. ئۇنىڭ پارىژغا قايتىپ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەشكە رايى بارمىغانلىقى، ئۇنى تىلغا ئالسىلا بىر يېرى كۆيۈشىۋاتقاندەك بولۇپ قېلىشى شۇ سەۋەبتىن ئىدى. بىر كۈنى ئۇ بىر قەھۋەخانىغا كىرىپ ئامېرىكىلىق ھېلقى شائىر بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى. ياڭيۇنى ئەسلىتىدىغان چىرايىدىن ھاماقەتلىك ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان، ئالدىغا بىر مۇنچە تەخسىى تىزىۋالغان بۇ شائىر تېرىستىئان سېرا بىلەن دادائىزىم ھەرىكىتى توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ تۇراتتى. تېرىستىئان سېرا تاق كۆزلۈك كۆزەينەك تاقىۋالىدىغان، ھەمىشە باش ئاغرىقى توغرۇلۇق قاقشايدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ سارىيىغا قايتىپ كەلدى، خوتۇنى بىرگە بولغاندا، ئۇنىڭغا يەنە كۆڭلى چۈشۈپ قالدى. ئۇرۇش-تاش ، دوق قىلىشلار ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۆيىگە كېلىۋالغىنىدىن ئۇ ناھايىتى خۇش بولدى. ئىش ئورنىدىكىلەر خېتىنى ئۇنىڭ ئۆيىدە ئەكېلىپ بەرگەنىدى. بىر كۈنى ئەتىگىنى خوتۇنى ھېلقى ئاشنىسىدىن كەلگەن خەتنى بىر پەتنۇسقا سالغىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. كونۋېرىتتىكى پوچېركىلارنى كۆرگەن چېغىدا، ئۇنىڭ بەدىنىنى سوغۇق تەر بېسىپ كەتتى. ئۇنى ھاپىلا-شاپىلا يەنە بىر خەتنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ قوياي دەپ تۇرۇۋىدى، خوتۇنى: «قەدىرلىكىم، خەت كىمدىن كەپتۇ؟ » دېدى. بىر ئەنسىزلىكنىڭ ھىدى پۇراي دەۋاتقان ئىش ئەنە شۇنداق بېسىلىپ قالدى.

 ئۇ ھەمىشە ئاشنىلىرى بىلەن بىللە چاغدىكى ھۇزۇرىنى ۋە ئۇلار بىلەن سوقۇشۇۋاتقان چاغلىرىنى ئەسلەپ چىقتى. ئۇلار ھەمىشە تازا ئوبدان سورۇنلارنى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشاتتى. توۋا، ئۇلار نېمىشقا كەيپى چاغ چاغلىرىدىلا ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشىدىغان بولغىيدى؟ ئويلاپ باقسا، بۇلار توغرۇلۇق ئۇ ھېچنېمە يازماپتۇ. سەۋەبى، دەسلىپىدە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشنى خالىمىغان، كېيىنچە بۇلارنى يازمىسىمۇ يازىدىغان نەرسىلەر جىقتەك تۇيۇلغانىدى. ئەمما، ئۇ «بۇ ئىشلارنى كېيىنچە يېزىپ قالىمەن» دېگەن ئويىدىن پەقەتلا ۋاز كەچمىدى. يازىدىغان نەرسىلەر ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى. ئۇ ئاشۇ ئىشلارنىلا ئەمەس، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن؛ نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن، نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆزىتىپ باققانىدى. لېكىن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ كىچىك ئۆزگىرىشلەر جىقراق بوپتۇ، كىشلەرنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتتا قانداق ئىپادىدە بولىدىغانلىقى شۇنداق ئېسىدە قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇرۇن مۇشۇنداق ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە يۈرۈپ باققان، مۇشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپ باققان. ئۇنىڭ مۇشۇ ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى. لېكىن ئۇ ئەمدى ئۇنى يازالمايدىغان بولدى.

 -قانداقراق؟- دېدى ئايال. ئۇ يۇيۇنۇپ بولۇپ چېدىردىن چىقىۋاتاتتى.

 -ھېچقانداق ئەمەس.

 -ئەمدى تاماق يەڭ. ھە؟

 جارى ئايالنىڭ كەينىدە قاتلىنىدىغان تاماق شىرەسى تۇتۇپ تۇرغان مورۇ بىلەن قورۇما تەخسىسى كۆتۈرۈۋالغان يەنە بىر چاكارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى.

 -بىر نەرسە يازاي دەيمەن.

 -ئازراق شورپا ئىچىپ قۇۋۋەتلىنىۋالسىڭىز بولاتتى.

 -بۈگۈن كەچتىلا ئۆلۈپ كېتىمەن،- دېدى ئۇ،- ئەمدى ماڭا قۇۋۋەت-پۇۋۋەت دېگەنلەرنىڭ كېرىكى يوق.

 -ئىشنى ئۇنداق كۆپتۈرمەڭچۇ، خارى،- دېدى ئايال.

 -بۇرنىڭىزغا پۇرمايۋاتامدۇ؟ بەدىنىمنىڭ يېرىمى سېسىپ تۈگىدى. ئەمدى پاقالچىقىممۇ سېسىۋاتىدۇ. شورپا ئىچىپ نېمە قىلاي؟ مورو سودا قېتىلغان ۋىسكىي ئېلىپ كەل.

 -شورپا ئىچىڭە،- دېدى ئايال مۇلايىملىق بىلەن.

 -ماقۇل.

 بەك قىزىق بولغاچقا، ئۇ شورپىنى پىيالىگە بۆلۈپ بىردەم تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئىچىشكە مەجبۇر بولدى، شورپا ئاغزىدا تۇرماي سىلىقلا ئۆتتى.

 -سىز ياخشى ئايال،- دېدى خارى،- ماڭا كۆڭۈل بۆلمەڭ.

 ئايال بېشىنى كۆتۈرۈپ «قوزغىتىش» ۋە «شەھەر ۋە يېزا» ژۇرناللىرىنىڭ مۇقاۋىلىرىغا بېسىلىپ ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن، ھەممىلا ئادەم ياخشى كۆرىدىغان چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ خارىغا قارىدى. ئايال ھاراققا ۋە شەھۋەتكە زىيادە بېرىلگىنى ئۈچۈن ئازراق چىرايىدىن كەتكەنىدى. «شەھەر ۋە يېزا» ژۇرنىلى ئەزەلدىن مۇقاۋىسىغا ئۇئايالنىڭ سۈرىتىنى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان كۆكسى، چىرايلىق پاقالچاقلىرى، خارىنىڭ سىلاۋاتقان نەپىس قوللىرى بىلەن قوشۇپ پۈتۈن چىقىرىپ باقمىغانىدى. خارى ئايالنىڭ جىلۋىلىك كۈلۈمسىرىشىنى كۆرۈپ بىردىنلا ئەزرائىل يېقىنلاپ قالغاندەك سەزدى. ئەمما، بۇ قېتىم ئۇنىڭغا زەربە بولمىدى. ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى ھارارەتلىك بىر نۇرغا، گۈپپىدە بۇرۇنغا ئۇرۇلىدىغان ئىسسىق بىر ئېقىنغا، يالقۇن ئۈستىدىن ئۆتكەن غۇر-غۇر شامالغا ئوخشايتتى.

 -ھېلىلىققا ئۇلار مېنىڭ پاشلىقمنى ئاچىقىپ دەرەخكە ئاسسا، گۈلخان ياقسا بولغۇدەك. بۈگۈن كېچە چېدىردا ئۇخلىمايمەن. كارىۋات كۆتۈرۈپلا يۈرەمدۇق. ھاۋا ئوچۇق تۇرىدۇ، يامغۇر ياغىدىغاندەك ئەمەس.

 ئەمدى ئۇ مۇشۇنداقلا ئۆلىدىغان، قۇلقىغا ئاڭلانمايدىغان پىچىرلاشلار ئىچىدە جان بېرىدىغان بولدى. بوپتۇ، ئەمدى ئۇرۇشىدىغانغا پۇرسەتمۇ يوق. بۇنى ئۇنىڭ كۆڭلى تۇيۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان بىر سېزىم. ئەمدى ئۇ بۇ سېزىمدىن قۇتۇلالمايدىغاندەك قىلىدۇ. كۈچىسىمۇ قۇتۇلالمايدىغاندەكمۇ قىلىدۇ، لېكىن مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.

 -گەپ ئېيتىپ بەرسەم يازالامسىز؟

 -بۇنى ئۆگەنمەپتىكەنمەن،-دېدى ئايال.

 – بوپتۇ ئەمسە.

 – ئەمدى ۋاقىت قالمىدى. ئەلۋەتتە مەزمۇنىنى ئازراق سىغداپ قۇراشتۇرۇشنى جايىدا قىلساڭ، بىرەر ئابزاسنى ئازراق يېزىش بەدىلىگە ھەممە مەزمۇننى ئىچىگە كىرگۈزەلەيسەن.

 كۆل بويىدا، بىر تاغنىڭ قاپتىلىدا ئاراشلىرى كۈلدە ئېتىلگەن، ئاپپاق رەڭگە ئۆزگىرىپ كەتكەن يۇمىلاق ياغاچ بىلەن سېلىنغان بىر ئۆي بار. ئىشىك قېشىدىكى تۈۋرۈككە كىشىلەرنى تاماق پىشقاندا خەۋەرلەندۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان بىر قوڭغۇراق ئېسىلغان. ئۆينىڭ كەينى تەرىپىدە كەڭرى دالا. دالانىڭ كەينىدە ئورمانلىق. قاتار كەتكەن بىر رەت ئاق تېرەك ئۆي قېشىدىن پرېستانغىچە سوزۇلغان، يەنە بىر رەت ئاق تېرەك مۇشۇ يۆنىلىشنى بويلاپ كۆككە بوي سوزۇپ تۇرىدۇ. ئورماننىڭ چېتىدە تاغ ئاچىلىغا سوزۇلىدىغان بىر چىغىر يول بار. ئۇ بۇرۇن مۇشۇ يوللاردا قارا بۆلجۈرگەن تېرىپ تالاي قېتىملاپ ماڭغان. كېيىن ھېلقى ياغاچ ئۆي كۆيۈپ كۈل بولدى، بۇغا پۇتىدىن ياسالغان جاھازىدىكى ئوۋ مىلتىقى كۆيۈپ كەتكەن. ئوتتا مىلتىقنىڭ ئىستوۋۇلى، پاينىكى ئوقداندىكى ئوقلار بىلەن قوشۇلۇپ ئېرىپ كەتكەنىدى. بوۋاڭدىن: «ئۇنى سىرتقا ئاچىقىپ ئوينايمۇ؟» دەپ سورىساڭ، «ياق، بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بېرەتتى. ئاشۇ ئوۋ مىلتىقلىرىنىڭ بوۋاڭنىڭ ئىكەنلىكىنى، شۇ ئىشتىن كېيىن بوۋاڭنىڭ ئوۋ مىلتىقى سېتىۋالمىغانلىقىنى بىلەتتىڭ. بوۋاڭ شۇنىڭدىن كېيىن ئوۋ ئوۋلىمىدى. ھازىر ئەسلىدىكى جايدا بۇرۇنقىدەك بىر ياغاچ ئۆي قايتىدىن ياسىلىپ، ئاق سىردا سىرلاندى. دالاندا تۇرۇپ ئاق تېرەكلەرنى، تاغ، دەريالارنىڭ مەنزىرسىنى كۆرەلەيتتىڭ. لېكىن، ئوۋ مىلتىقى ئۆيدىن مەڭگۈگە يۈتكەنىدى. ياغاچ ئۆي كۆيمەستە بۇغا پاچىقى شەكىلىدىكى جاھازىغا ئېسىپ قويۇلىدىغان مىلتىق ئىستوۋۇلىنىڭ كۆيۈپ تۈگەي دېگەن بىر قىسىمى ئەمدىلىكتە كۈل ئۈستىگە تاشلاقلىق. ئۇنىڭغا ھېچكىم تەگمەيدۇ.

 ئۇرۇشتىن كېيىن بىز قارا ئورماندا سالمان بېلىقى بار بىر ئېرىقنى ئىجارىگە ئالدۇق. ئۇ يەرگە ئىككى يول بىلەن بارغىلى بولاتتى. بىرى، ترىبېرگدىن جىلغىغا تۆۋەنلەپ، ئاندىن يېشىل ئورمان بىلەن قاپلانغان تاغ يولى( ھېلقى ئاق يولغا يېقىن) نى ئايلىنىپ تاغقا چىقىدىغان بىر تۆپىلىك يولغا چىققاندا ئاجايىپ چوققىلار ئۇچرايتتى. مۇشۇ يەردىن ۋە قارا ئورمان شەكلىدە ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۆيلەر بار كىچىك ئېكىنزارلىقتىن ئۆتكەندە، چىغىر يولغا ۋە تارام ئېرىقلار قوشۇلىدىغان جايغا بارغىلى بولاتتى.

 يەنە بىرى، ئورماننىڭ چۆرىسىنى بويلاپ يۇقىرىغا تىك ئۆرلەپ، ئاندىن تاغلارنىڭ، قارىغايلىقنىڭ ئارىسىدىن ئۆتكەندە، يەنە بىر كىچىك ئورماننىڭ يېنىدا ئوتلار بولۇققىدە ئۆسكەن بىر چىمەنلىك ئۇچرايتتى. تاغدىن چۈشۈپ ئاشۇ چىمەنلىكتىن ئۆتسىلا ئاشۇ كۆۋرۈكنىڭ يېنىغا كەلگىلى بولاتتى. ئېرىقنىڭ بويىدا قېيىن دەرەخلىرى ئۆسۈپ كەتكەن. ئېرىق تار بولغىنى بىلەن زۇمرەتتەك سۈزۈك سۈيى ناھايىتى تېز ئاقىدۇ، گاھىدا قېيىن دەرىخىنىڭ غولى تۈۋىگە دانە-دانە ئۈنچىلەرنى چاچرىتىپمۇ قويىدۇ. بۇ پەسىل ترىبېرگ مېھمانخانىسى خوجايىننىڭ تازا پۇل تاپىدىغان ۋاقتى. بىر يېقىن دوستلىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ سودىسى ياخشى بولسا خۇشال بولاتتۇق. ئىككىنچى يىلى پۇل پاخاللاشتى، خوجايىن دوستىمىزنىڭ ئالدىنقى يىلى تاپقان پۇلى مېھمانخانىغا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئېلىشقىمۇ يەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى.

 سەن بۇلارنى ئاغزاكى دەپ بېرەلىگىنىڭ بىلەن، سېپىلدەك تاملار قوغداپ تۇرغان ئاشۇ مەيداندىكى ئىشلارنى دەپ بېرەلمەيسەن. مەيداندا گۈل ساتقۇچىلارنىڭ گۈللىرىنى بوياش ئۈچۈن بەرگەن بوياقلىرى ئېقىپ يەرنى بىر ئالاتتى. ئاپتۇبۇسللار شۇ يەردىن ئۆتەتتى. بوۋايلار، ئاياللار قىزىل ھاراق ۋە مېۋە شۆپۈكلىرىدىن ئىشلەنگەن تۆۋەن سۈپەتلىك براندى ئىچىپ تەڭشىلىۋالاتتى. شىۋىرغاندا، پوتلىلىرى ئېقىپ تۇرغان بالىلار ماڭدامدا ئۇچرايتتى. ئەتراپتىن سېسىق تەر ۋە نامراتلىقنىڭ ھىدى كېلەتتى، «ئىشتىن سىرت خىزمەتچىلەر قەھۋەخانىسى» غا كىرگەن زامات غەرق مەستلەر كۆزگە چېلىقاتتى. يەنە تېخى «لەگلەك» تانسىخانىسىدىكى پاھىشىلەرمۇ بار. ئۇلار تانسىخانىسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە تۇراتتى. ئىشىككە قارايدىغان ئايال ھېلقى جۇمھۇرىيەتچىلەر قوغدىغۇچىسىنى تارغىنە ئۆيدە ناھايىتى قىزغىن كۈتەتتى، ئورۇندۇققا قوغدىغۇچىنىڭ ئاتنىڭ نەچچە تال يالى قىستۇرۇلغان شىلەپىسى قويۇلغان بولاتتى. زالنىڭ ئۇ تەرىپىدە يەنە بىر ئايال تۇراتتى. ئۇ ئايالنىڭ ئېرى ۋېلسىپىت مىنىش ماھىرى ئىدى. شۇ كۈنى ئەتىگىنى بۇ ئايال سۈت دۇكىنىدا «مېخانىك ماشىنا» گېزىتىدىن ئېرىنىڭ پارىژدىكى شەھەرنى ۋېلسىپىتلىق ئايلىنىش مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالتىس خۇشال بولۇپ كەتتى. ئاۋۋال مەڭزى ھۈپپىدە قىزىرىپ قاقاقلاپ كۈلدى، كېيىن ھېلقى سارغۇچ تەنتەربىيە گېزىتىنى قولىدا سىقىمدىغىنىچە بىناغا چىقىپ يىغلىۋەتتى. بىر قېتىم خارى ئايىروپىلاندا بىر ياققا سەپەرگە چىقماقچى بولدى. ”لەگلەك “ تانسىخانىسىنىڭ ئايال خوجايىننىڭ ئېرى ئەتىگەندە بىر تاكسىنى ھەيدەپ كېلىپ ئۇنى ئويغاتتى. ئۇلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن قاۋاقخانىغا كىرىپ بىر رومكىدىن ئاق ئۈزۈم ھارىقى ئىچىۋالدى. ئۇ چاغدا خارى شۇ جايدىكى قوشنىلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن تونۇشاتتى. ئۇلار بەك نامرات ئىدى.

 سېپىل تام بىلەن ئورىلىپ تۇرغان مەيداننىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئىككى خىللا ئادەم-يا زابويلار، يا تەنھەرىكەتچىلەر بولاتتى. زابويلار موھتاجلىق ئازابىنى ھاراق بىلەن يېڭەتتى؛ تەنھەرىكەتچىلەر بولسا چېنىقىش ئارقىلىق موھتاجلىقنىڭ دەردىنى ئۇنتۇيتتى. پارىژ كوممۇنىستىك كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغاچقا، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى چۈشىنىش ئۇلارغا تەس كەلمەيتتى. ئۇلار يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، ئاكا-ئىنىلىرىنى، دادىلىرىنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلەتتى. ۋېرسال قوشۇنى پارىژغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ پارىژ كوممۇنىسىدن كېيىن بۇ شەھەرنى ئىشغال ئىگىلىدى. قولىغا ئاددىي شەپكە ئېلىۋالغان ۋە ياكى بىرەر بەلگىسىدىن ئاددىي ئەمگەكچى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان ھەر قانداق ئادەم نېرى-بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئۆلتۈرۈلدى.دەل مۇشۇنداق موھتاجلىق چاغلىرىدا، دەل مۇشۇ رايوندا-كوچىنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە بىر ئات گۆشى دۇكىنى ۋە بىر ھاراق ئېچىتىش دۇكىنى ئېچىلدى. خارى ئىجادىيەت ھاياتىنى باشلىدى. پارىژدا بۇنىڭدىن باشقا بىر جاينى ئۇ بۇنداق سۆيمەيتتى. بولۇققىدە ئۆسكەن دەل-دەرەخلەرگە، ئاقۇچ سېمونت تاملارغا، تاملىرىنىڭ ئاستى تەرىپى قوڭۇر رەڭدە ئاقارتىلغان كونا ئۆيلەرگە، چەمبەرسىمان گۈللۈكنىڭ ئارىسىدىن ئۆتىدىغان ئۇزۇن يېشىل ئاپتۇبۇسلارغا، كوچىلاردىكى گۈل بوياشتا قېپقالغان سۆسۈن رەڭلىك داغلارغا، تاغ تۆپىسىدىن سېنا دەرياسىغا بۇرۇلىدىغان رېمىئون ئېپىسكوپ كوچىسىغا، يەنە تار، ئەمما ئاۋات موفېدارد يولىغا ئۇنىڭ بۆلەكچە مۇھەببىتى بار ئىدى. ئىلاھلار قەسىرىگە بارىدىغان چوڭ كوچا بىلەن ئۇ ھەمىشە ۋېلسىپىت مىنىپ ئۆتىدىغان چوڭ كوچا بۇ جايدىكى بىردىنبىر ئاسفالىت ياتقۇزۇلغان كوچا ئىدى.ناھايىتى سىلىق ئىدى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئېگىز تار ئۆيلەر بار ئىدى. يەنە تۆۋەن دەرىجىلىك بىر مېھمانخانىمۇ بار ئىدى. بول ۋېرلون ئاشۇ يەردە ئۆلگەنىدى.ئۇلار تۇرىدىغان سارايدا ئىككى ئېغىزلا ئۆي بار ئىدى. خارى مېھمانخانىنىڭ ئۈستىدىكى بىر ئۆيدە تۇراتتى، بۇ ئۆينىڭ ئىجارىسى ئۈچۈن ئېيىغا 60 فرانك تۆلەيتتى. ئۇ بۇ ئۆيدە يېزىقچىلىق قىلاتتى، سانجاق-سانجاق بىنالارنى، تۇرخۇنلارنى ۋە پارىژدىكى بارلىق تاغلارنى كۆرەلەيتتى.

 سارايدا تۇرۇپ ئوتۇن ۋە كۆمۈر ساتىدىغان ھېلقى ئادەمنىڭ دۇكىنىنىلا كۆرەلەيتتىڭ، ئۇ ئادەم تۆۋەن سۈپەتلىك ئۈزۈم ھاراقلىرىنى ئېلىپ ئىچەتتى. ئات گۆشى ساتىدىغان دۇككاننىڭ سىرتىغا سېرىق نۇقتا ئېسىقلىق ئىدى. دۇكاننىڭ ئىچىدىكى پەشتاختىغا ئات گۆشلىرى قويۇلغان بولاتتى. يېشىل سىردا سىرلانغان ھاراق دۇكىنىدا ئۇلار ھاراق ئىچەتتى. بۇلاردىن باشقا، بۇ يەردە يەنە سېمونت تاملىق ئۆيلەر ۋە قوشنىلارنىڭ دېرىزىلىرى كۆزگە تاشلىناتتى. بىر كېچىسى كىمدۇر بىرى مەست بولۇپ كوچىدا يېتىپ قالدى ۋە فرانسۇز زابويلىرىغا خاس(كىشلەر سېنى بۇنداق زابويلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەسكە ئۈندەيتتى)بىر غەيرىي ئاۋازدا ئىڭراپ كەتتى. قولۇم قوشنىلار دېرىزىنى ئېچىپ قارىغاندىن كېيىن غۇدۇرىشىپ كەتتى.

 -نەگە كەتكەندۇ بۇ ساقچى؟ ساقچى بولمىسىمۇ بولىدىغان چاغدا، ئۇ خۇنپەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئۇ چوقۇم ئىشىككە قارايدىغان ئايالنىڭ قوينىدا. ئۇنى چاقىرايلى.

 شۇ غۇدۇراش سادالىرى ئىچىدە كىمدۇ بىرى دېرىزىدىن بىر چېلەك يۇندىنى تۆكۈۋەتتى. ئىڭراش سادالىرى شۇندىلا بېسىقتى.

 -نېمە تۆكتى؟ سۇما، ۋاھ، قالتىس ئوبدان قىلىپتۇ.

 دېرىزىلەر ئېتىلدى. ئۇنىڭ ئايال خىزمەتكارى مارى بىر كۈندە سەككىز سائەت ئىشلەش تۈزۈمىگە قارشى چىقىپ دېدى:

 «بىر ئەر سائەت ئالتىگىچە ئىشلەپ ئۆيگە قايتىش يولىدا ئازراق ئىچىپ قالسا، بۇنىڭغا جىق پۇل كەتمەيدۇ. لېكىن ئۇ كۈندە پەقەت بەشكىچە ئىشلەپ ھەركۈنى مەست بولغۇدەك ئىچسە، ئۇنداقتا بىر سېنت پۇلمۇ تاپالمايدۇ.بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تارتقان زىيانغا ئىشچىنىڭ خوتۇنى ئىگە بولۇشى كېرەك.»

 -يەنە ئازراق شورپا ئىچەمسىز؟- سورىدى ئايال.

 -ياق، رەھمەت، تەمى بەك ئوبدان بوپتۇ.

 -يەنە ئازراق ئىچىڭە.

 -ۋىسكىي ئىچكۈم كېلىۋاتىدۇ.

-ھاراقنىڭ سىزگە پايدىسى يوق.

-ھەئە، ھاراق ماڭا زىيانلىق. بۇ مىسرا كېل بورتنىڭ، ئۇ بۇنى نوتىغىمۇ سالغان. بىلسەم- بىلمىسەم، بىلۋالغان بۇ كىچچىكىنە نەرسىڭىز ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈۋاتىدىغۇ.

 -ھاراق ئىچسىڭىز بۇرۇن سىزنى نەدە چەكلىگەن يېرىم بار؟

 -ئۇغۇ راست، لېكىن ھاراق ماڭا زىيانلىق بولغىنى ئۈچۈن شۇنداق قىلغانسىز؟

 «ئۆزۈم ئېرشمەكچى بولغان ھەممە نەرسىگە ئېرشىشىم كېرەك،- دەپ ئويلىدى خارى ئايال كەتكەندىن،- ئۆزۈم ئېرىشىشىم كېرەك،- دەپ ئويلىدى خارى ئايال كەتكەندىن كېيىن،- ئۆزۈم كۈتكەن نەرسىلەرگە ئەمەس، ئۆز ئىلكىمدە بار نەرسىلىرگە ئېرىشسەملا بولدى، ئۇھ…»ھېرىپ ھالىدىن كەتكەنىدى. ئۇ بىردەم ئۇخلىماق بولۇپ جىمجىت ياتاتتى. ئەمدى ئەزرائىل كۆزىگە كۆرۈنمىدى. بەلكىم ئۇ باشقا بىر كوچىغا ئەجەل مارىلاپ كېتىپ قالغاندۇ. ئەنە، جۈپ بولۇۋالغان ئەزرائىللار ۋېلسىپىتلىرىگە مىنىشىپ پىيادىلەر يولىدا ئاستا كېتىۋاتىدۇ.

ياق، ئۇ پارىژ توغرۇلۇق ھېچنەرسە يېزىپ باققان ئەمەس.ئۆزى ياخشى كۆرگەن بۇ شەھەر توغرۇلۇق قەلەم تەۋرىتىپ باقمىدى، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن قەلەمگە ئېلىپ باقمىغان باشقا ئىشلار قانداق بولغىيدى.

 چوڭ فېرما ۋە كۈمۈش رەڭدە كۆزگە تاشلىنىدىغان چاتقاللىق، چاتقاللىقتىكى زۇمرەتتەك سۈيى تېزلىك بىلەن ئاقىدىغان ئۆستەڭ، ئۆستەڭ بويىدىكى ياپيېشىل بېدىلەر ھازىر قانداق بولۇپ كەتكەندۇ؟ يەنە يازلىقى كالا-موزايلار ئېھتىيات بىلەن ماڭىدىغان، تاغ تۆپىسىگە يىلان باغرى سوزۇلۇپ كېتىدىغان ھېلقى تار يولمۇ بار. نېمىلەرنىڭدۇ ھۆركىرەشلىرى، ئۈزۈلمەي داۋام قىلۋاتقان ناۋالار ھېلھەم ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە، مىتىلداپ ناھايىتى ئاستا ماڭىدىغان ئاشۇ يوغان ئۇلاغلار كۈزلۈكى ھەيدەپ تاغدىن چۈشكىنىڭدە يوللاردىن چاڭ چىقىرىۋېتەتتى. تاغلارنىڭ كەينىدىكى سانجاق-سانجاق ئېگىز چوققىلار گۇگۇمدىكى تۇمان ئىچىدە يەنىلا شۇنداق كۆرۈنەتتى. يەرگە تال-تال سېپىلىپ تۇرغان ئاي نۇرىدا ئاشۇ كىچىك يولنى بويلاپ تاغدىن ئاتلىق چۈشكىنىڭدە جىلغىنىڭ ئۇ تەرىپىدە پاكىز، گۈزەل بىر مەنزىرە كۆزگە تاشلىناتتى. ھېلھەم ئېسىڭدە، ئورمانلاردىن ئۆتۈپ تاغدىن چۈشكەن چېغىڭدا، قاراڭغۇدا يولنى كۆرەلمەي ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى چىڭڭىدە تۇتۇۋېلىپ مۈدۈرۈپ-چوقۇرۇپ مېڭىشقا مەجبۇر بولاتتىڭ. ئۇ بۇنىمۇ يازماقچى بولغانىدى

 يەنە ھېلقى ئىش بۇزدى دۆت سولتەكمۇ بار. بىر قېتىم ئۇ ئۇنىڭغا فېرمىنى ئوڭچە تاشلاپ بېرىپ قۇرۇق ئوتلارنى ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويماسلىقنى تاپىلاپ تاغدىن چۈشتى. فوكسىتىن كەلگەن ھېلقى ئەبلەخ فېرممىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋېتىپ ئازراق يەم-خەشەك ئالغىلى قويماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قېرى، يەنە بۇرۇنقىدەك تايىقىڭنى يەيسەن، دەپ تەھدىت ساپتۇ. قېرى قوتانغا زورلۇق بىلەن كىرىشكە تەمشىلىپ تۇرغاندا، بالا ئاشىخانىدىن تاللىق ،مىلتىقنى ئاچىقىپ ئۇ قېرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. ئۇ فېرمىغا قايتىپ كەلگەندە، قېرىنىڭ جەسىتى فېرمىدا ئاللىبۇرۇن توڭلاپ كەتكەنىدى، لالما ئىتلار جەسەتنىڭ خېلى يەرلىرىگىچە يەۋېتىپتۇ. سەن جەسەت پارچىسىنى كىگىزگە ئوراپ چانىغا باستىڭ، ئاندىن چانىنى بالىغا سۆرىتىپ يولغا چىقتىڭ. تېيىلىپ يۈرۈپ 60 مىڭ مىل يول ماڭغاندىن كېيىن بالىنى جەسەتنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىپ كېتىشكە بۇيرۇدۇڭ. بالا ئۆزىنىڭ تۇتۇلدىغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن. ئۇ پەقەت“ «مەن خوجايىننىڭ دوستى بولغاندىن كېيىن ۋەزىپەمنى ياخشى ئادا قىلدىم. ئەمدى بۇنىڭغا تېگىشلىك ھەق ئالىمەن» دەپلا ئويلىغانىدى.ئۇنىڭ خىيالىچە بولغاندا، ئۇنىڭ قېرىنىڭ جەسىتىنى شەھەرگە سۆرەپ ئېلىپ كىرگەنلا يېرى بار ئىدى. بۇنداق بولغاندا بۇ قېرىنىڭ قانچىلىك ئەسكى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بولمىغان يەم-خەشەكلەرنى زورلۇق بىلەن ئالماقچى بولغانلىقىنى خەقلەر بىلىپ قالاتتى. مەمۇرىي مەھكىمنىڭ سوتچىسى قولىغا كويزا سالغاندا، بالا دەسلىپىدە كۆزىگە ئىشەنمىدى. كېيىن ھۆڭرەك ئېتىپ يىغلىۋەتتى. خارى بۇ ئىشنى بىر ھېكايە قىلىپ يازماقچى بولغانىدى. ئۇ يەردىن خارى 20 ھېكايىگە يارىغۇدەك قىزىقارلىق ئىشلارنى كۆرگەنىدى. لېكىن، بۇنىڭ بىرىنىمۇ يازمىدى، نېمىشقا يازمىغان بولغىيدى؟

 -سىز ئۇلاردىن نېمىشقا شۇنداق بولغان دەپ سوراڭ،- دېدى خارى ئايالغا.

 -نېمە دەۋاتقانسىز، قەدىرلىكىم؟

 -ھېچنېمە.

 ئايال خارى بىلەن تېپىشقاندىن كېيىن ھاراقنى جىق ئىچمەس بولغانىدى. خارى يەنە ياشاپ قالسا، ھەرگىز بۇ ئايال توغرۇلۇق يازمايدۇ. نېمە ئۈچۈنلىكىنى خارى ئەمدى چۈشەندى. ئۇ ئاشنىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى توغرۇلۇق بىر نەرسە يازمايدۇ. پۇلى بار خەق دېگەن ئەخمەق. كۈن بويى باگامىن(ئىككى ئادەم ئوينايدىغان شاھماتقا ئوخشاپ كېتىدىغان ئويۇن) ئويناشنىلا بىلىدۇ. ھاماقەتلىكتە ئۇچىغا چىققان، تولا ۋالاقلاپ ئادەمنى سەسكەندۈرۋېتىدىغانلىقىنى بىر دېمەڭ. خارى بىردىنلا بىچارە جۇلىئاننى، ئۆزىنىڭ پۇلدارلارغا خىيالىي بىر تۇيغۇ ئىچىدە ھەۋەسلىنىپ كەتكەنلىكىنى، بىر قېتىم بىر ھېكايىسىنىڭ بېشىدا پۇلدارلار توغرۇلۇق يازغانلىقىنى ئەسلەپ قالدى. ئۇ ھېكايىسىنىڭ بېشىنى مۇنداق باشلىغانىدى: «پۇلدارلار سىزگە، ماڭا ئوخشىمايدۇ.» بىرى جۇلىئانغا: «راست، ئۇلار بىزدىن باي» دېگەنىدى. لېكىن، جۇلىئانغا بۇ گەپ يۇمۇرلۇق تۇيۇلمايتتى. ئۇ ئۆزىنى ئاجايىپ بىر نەسەبنىڭ پۇشتى دەپ بىلەتتى. ئەمەلىيەتنىڭ بۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن بۇ ئىش باشقا ئىشلارغا ئوخشاشلا ئۇنى سەت تۈگەشتۈرەتتى.

خارى بۇرۇندىن ئاشۇ تۈگەشكەن ئادەملەرنى كۆزگە ئىلمايتتى. ئۇنداقلارنى ياخشى كۆرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، سەن بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. ئۇ ھېچقانداق بىر ئىشتا ئالدانمايتتى. قېتىمغا ئالماي يۈرىۋەرسەم ھېچقانداق ئىش مېنى تۈگەشتۈرەلمەيدۇ، دەپ ئويلايتتى.

بوپتۇ، ئەمدى ئۆلىدىغان بولدى، ئۇ بۇنىمۇ پەرۋايىغا ئالمايدۇ. بۇرۇندىن ئاغرىقتىن قورقاتتى. شۇنداقتىمۇ باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا ئۇزۇنغىچە ئاغرىپ ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتمىسىلا ئادەتتىكى ئاغرىقلارغا بەرداشلىق بېرەتتى. لېكىن، بىر نەرسە ئۇنى چىدىغۇسىز ئازابلايتتى. ئۇ شۇنداقراق بىر نەرسىنىڭ ئۆزىنى ئازابلاۋاتقانلىقىنى بايقىنىدا، ئاغرىق توختاپ قالاتتى.

ئۇنىڭ ھېلھەم ئېسىدە تۇرۇپتۇ، نۇرغۇن ۋاقىت ئىلگىرى بومبىچىلار ئوفىتىسېرى ۋېلسون بىر كەچلىكى سىم توردىن يامىشىپ ئۆتۈپ پوزىتسىيىگە قايتىدىغان چاغدا، گېرمانىيىلىك بىر چارلىغۇچى ئەسكەرنىڭ ئاتقان گراناتىدا يارىلاندى. ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ : «مېنى ئېتىۋېتىڭلار! » دەپ چىقىراپ كەتتى. ئۇ ھەمىشە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان گەپلەر بىلەن ئۆزىنى داڭلايدىغان، ئەمما ناھايىتى باتۇر، تەنبەل ئادەم، قوشۇندا ياخشى ئوفىتسېر ئىدى. لېكىن شۇ كەچلىكى ئۇ تۇيۇقسىز يورۇغان بىر نۇردا بايقىلىپ قېلىپ سىم توردا يامىشىقلىق پېتى ئېتىلىپ كەتتى، ئۈچەيلىرى سۇغۇرۇلۇپ تورغا ئىلنىپ قالدى. ئۇلار كۆتۈرۈپ كىرگەندە ئۇ تېخى ھايات ئىدى. ئۇلار ئامالسىز ئۇنىڭ ئۈچەيلىرىنى كېسىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى. «مېنى ئېتىۋەتكىن، خارى.«خۇدانىڭ ھەققىدە مېنى ئېتىۋەتكىن» دېدى ئۇ. بىر قېتىم ئۇلار: «خۇدا كۆرسەتكەن ھەر قانداق ئىشقا چىدىيالايسەن» دېگەن گەپ ئۈستىدە تالىشىپ قالغانىدى. كىمدۇ بىرى بۇ گەپنى: «بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاغرىق ئۆلۈكىدىن يوقايدۇ، بۇ شۇنداقلا بىر گەپ» دەپ چۈشەندۈرگەنىدى. لېكىن خارى ۋېلسوننى ۋە ئاشۇ گەپنى ئىزچىل ئۇنتۇيالماي كەلدى. لېكىن ۋېلسوننىڭ ئاغرىقى توختىمىدى. خارى ئۆزى كېيىن ئىشلىتەرمەن دەپ ساقلاپ كېلىۋاتقان مورفېن پارچىسىنىمۇ يېگۈرگەندىمۇ ئاغرىق يەنىلا توختىمىدى.

ئۇنىڭ ئاغرىقى ھازىرچە ئۇنچە چىدىغۇسىز ئەمەس. شۇ پېتى ئاغرىۋەرسىمۇ ئەنسىرگۈدەك بىر ئىش يوق.“لېكىن،-دەپ ئويلىدى خارى،- تېخىمۇ ياخشى بىر ھەمراھ يېنىمدا بولغان بولسا تازا ياخشى بولاتتى-دە!»

ئۇ كۆڭلى تارتىدىغان ھەمراھ توغرۇلۇق ئويلىنىپ قالدى.

«ياق،-دەپ ئويلىدى خارى،- مەيلى قانداقلا ئىش بولسۇن، ۋاقىت بەك ئۇزۇراپ كەتسە، ھەر قانداق ھەمراھ بولسىمۇ يېنىڭدىن كېتىپ قالىدۇ. ھاراق زىياپىتى ئاخىرلاشتى، ئەمدى ئايال خوجايىن بىلەن ئۆزۈڭ قالدىڭ.»

 «ھەر قانداق نەرسىدىن بىزار بولغىنىمغا ئوخشاشلا، ئەجەل دېگەن نېمىدىنمۇ بىزار بولۇۋاتىمەن.»

 -ئادەمنى ئەجەپ بىزار قىلدى،- بۇ گەپنى خارى ئىختىيارسىز ئۈنلۈك دەۋەتتى.

 -نېمە دەۋاتىسىز؟

 -ھەر قانداق ئىش قىلساق ۋاقىتنى بەك سوزۇۋېتىدىكەنمىز.

 ئۆزى بىلەن گۈلخان ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان ئايال خارىنىڭ كۆزىگە كۆرۈندى. ئۇ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئايالنىڭ گۈلخان نۇرىدا يورۇپ تۇرغان جىلۋىگەر چىرايىدىن مۈگدەپ قېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. ھېلقى ئىتنىڭ گۈلخاننىڭ نېرىسىدا ئېچىنىشلىق ھۇۋلىغان ئاۋازى خارىنىڭ قۇلقىغا ئاڭلاندى.

 -مەن ئىزچىل بىر نەرسە يېزىۋاتىمەن،- دېدى خارى،- بەك ھېرىپ كەتتىم.

 -ئۇخلىيالارسىزمۇ؟

 -ئۇخلىيالايمەن. نېمىشقا تېخىچە ئۇخلىمايسىز؟

 -سىز بىلەن ئولتۇرغۇم بار.

 -بىرەر غەيرىي شەپىنى كۆڭلىڭىز تۇيۇۋاتامدۇ؟

 -ياق. ئازراق مۈگدەك بېسىۋاتىدۇ، شۇ.

 -لېكىن، مېنىڭ كۆڭلۈم تۇيۇۋاتىدۇ.

 شۇ دەقىقىدە ئۇ ئەزرائىلنىڭ يەنە بىر قېتىم يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى سەزدى.

 -سىز بىلسىز، ئەمدى مەندە قىزىقشتىن باشقا نەرسە قالماپتۇ،-دېدى خارى.

 -سىز ئەزەلدىن ھېچقانداق نەرسىدىن  مەھرۇم قالمىغان، سىز مەن بىلدىغان ئەڭ مۇكەممەل ئەر.

 -ئاھ، خۇدا مۇشۇ خوتۇن خەقنىڭ بىلىدىغان نەرسىسى نېمانداق ئازدۇ؟ نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەۋاتىسىز؟ بىۋاستە سېزىمىڭىزگە تايىنىپمۇ؟

 چۈنكى، دەل مۇشۇ دەقىقىدە ئەزرائىل كەلگەنىدى. ئەزرائىل بېشىنى كارىۋاتنىڭ پۇتىغا تىرەپ ياتاتتى. ئەزرائىلنىڭ تىنىقى خارىنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇلدى.

 -ئەزرائىلنىڭ ئورغاق ۋە ئىسكىلىت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەڭ،- دېدى خارى ئايالغا،- ئۇ ئېھتىمال ۋېلسىپىتكە بەخۇدەك مىنىپ كېتىۋاتقان بىر جۈپ ساقچىدۇر ياكى بىر قۇشتۇر. بەلكىم ئۇنىڭ سىرتلاننىڭكىدەك يوغان بۇرنى باردۇر.

 ئەمدى ئەزرائىل ئۇنىڭ بەدىنىگە يېقىنلاپ كەلدى، لېكىن شەكىلسىز ھالەتتەكەلدى. بوشلۇقنى ئىگىلىگىنىچە كەلدى.

 -ئۇنىڭغا دەڭ، كەتسۇن.

 ئەزرائىل كېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخىمۇ يېقىنلاپ كەلدى.

 -ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ كەتكىنىڭنى قارا؟-دېدى خارى ئەزرائىلغا،- ھۇ سېسىق.

 ئەزرائىل يەنىلا ئۇنىڭغا قەدەممۇ قەدەم يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتاتتى. ئەمدى خارى ئۇنىڭغا گەپ قىلالمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ گەپ قىلالماس بولۇپ قالغىنىنى سەزگەندە، ئەزرائىل ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلدى. خارى ئۇنى تۇيدۇرماي كەتكۈزۋەتمەكچى بولدى. لېكىن، ئەزرائىل ئۇنىڭ بەدىنىگە يامشىپ چىقتى، پۈتۈن ئېغىرىنى سېلىپ خارىنىڭ كۆكرىكىنى بېسىۋالدى، پۇتىنى كېرىپ ئېسىلۋالدى. خارى مىدىرلىيالمايتتى، يا گەپ قىلالمايتتى.پەقەتلا بىر ئايالنىڭ : «ئەپەندى ئۇخلاپ قاپتۇ، كارىۋاتنى ئاستا كۆتۈرۈپ چېدىرغا ئەكىرىڭلار» دېگىنى ئاڭلاندى.

 خارى ئەزرائىلغا ”كەت!“ دېگەن گەپنى قىلالمىدى. ئەزرائىل پۈتۈن ئېغىرلىقى بىلەن ئۈستىدىن بېسىۋالغاچقا، نەپەس ئالالماي قالدى. لېكىن، ئۇلار بېرزېنت سېلىنغان كارىۋاتنى كۆتۈرگەندە، ھەممە ئىش نورمال ھالىتىگە قايتتى، كۆكرىكىنى بېسىۋالغان ئېغىر نەرسىمۇ نەگىدۇر يوقالدى.

 تاڭ ئاتقىنىغا خېلى بولغانىدى. خارىنىڭ قۇلقىغا ئايىروپىلاننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. سىرتقى ھالىتىدىن ناھايىتى كىچىك كۆرۈنىدىغان ئايىروپىلان ھاۋادا بىر پىرقىرىۋەتتى. ئىككى ئەر چاكار يۈگۈرۈپ چىققان پېتى يەرگە بىر دۆۋە چۆپنى دۆۋىلەپ ئۈستىگە بېنزىن چاچتى. سەھەر شامىلى تۈرۈم-تۈرۈم ئىسلارنى چېدىرغا ئۇچۇرتۇپ كەتتى. ئايىروپىلان يەنە ئىككى قېتىم پىرقىراپ ئاستا تۆۋەنلىدى، ئاندىن شوتىلىرىنى چىقىرىپ ئاستا يەرگە قوندى. بېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان كامپىتون ئۇچىسىغا كەڭ ئىشتان، بىر يوللۇق بوغماق چاپان، بېشىغا قوڭۇر رەڭلىك كىگىز شىلەپە كىيگەنىدى.

 -نېمە ئىش بولدى، بۇرادەر؟- سورىدى كامپىتون خارى تەرەپكە كەلگەچ.

 -پۇتۇم بولمىدى،- دېدى خارى،- ئازراق بىر نەرسە يەۋالامسىز؟

 -رەھمەت. ئازراق چاي ئىچسملا بولدى. بۇ ئايىروپىلان« كۆك قۇ» ماركىلىق، ھېلقى «خانىم» نىڭ ئامالىنى قىلالماي مۇشۇ ئايىروپىلانغا چىقىپ كەلدى.

 خېلىن كامپىتوننى بىر چەتكە تارتىپ قۇلقىغا نېمىلەرنىدۇر پىچىرلىدى.  كامپىتون خۇشال ھالدا قايتىپ كەلدى.

 -سىزنى ئايىروپىلانغا كۆتۈرۈپ ئەكىرەيلى،- دېدى كامپىتون،- يەنە خانىمىڭىزنى ئالغىلى كەلمىسەم بولمايدۇ.ئارۇشادا ماي قاچلىغىلى توختاپ قالارمىزمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن. ياخشىسى بىز ھازىرلا ماڭايلى.

 -ئازراق چاي ئىچسەك قانداق؟

 -مېنىڭ زادى چاي ئىچكۈم يوق.

 ئىككى ئەر چاكار كارىۋاتنى كۆتۈرۈپ يېشىل چېدىرنى بىر ئايلىنىۋەتكەندىن كېيىن قىيا تاشلارنى بويلاپ تۆۋەنگە-ھېلقى تۈز يەرگە قاراپ ماڭدى، ئىسلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتتى. ئوت شامالدا تېخىمۇ كۈچەيگەن، چۆپلەر كۆيۈپ تۈگىگەنىدى. ئىككى چاكار ئايىروپىلان ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن مىڭ تەستە خارىنى ئىچىگە كۆتۈرۈپ ئەكىرىپ خۇرۇم ئورۇندۇققا ياتقۇزدى. خارىنىڭ سېسىشقا باشلىغان پۇتى كامپىتون ئولتۇرغان ئورۇندۇققىچە سوزۇلغان، پەقەت يىغلىمايتتى. كامپىتون ماتورنى ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن ئايىروپىلانغا چىقىپ خېلىن بىلەن ئىككى چاكارغا خوشلىشىش ئىشارىتى قىلدى. دەسلىپىدە ئاستا كىرۋاتقان ماتور ئەمدى تونۇش گۈركىرەشكە، ئۇلار ئايىروپىلان ئىچىدە تەۋرىنىشكە باشلىدى. كامپىتون ياۋا توڭگۇزلار ماكان تۇتقان ھېلقى غارلارغا دىققەت بىلەن قاراپ قويدى. ئايىروپىلان ئوت ئۇچقۇنلىرى ئارىسىدىكى ئوچۇقچىلىقتا ئۇيان-بۇيان ئىرغاڭلاپ بىردەم گۈركىرىگەندىن كېيىن بىر سىلكىنىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. پەستىكىلەر ئۇلارغا قول پۇلاڭلىتىپ قالدى. تاغ تۆپىسىدىكى بىر ياققا قىيسىپ قالغان چېدىر، دەرەخلەر بىلەن ئورالغان كەڭرى دالا، بىر چەتكە يېتىشقا باشلىغان چاتقاللار، ياۋايى ھايۋانلار پات-پات ئۆتىدىغان كەڭرى يوللار، كەڭرى سۇ ئامبىرى، يېڭىدىن بايقالغان سۇلار خارىنىڭ كۆزىگە بىر-بىرلەپ كۆرۈندى. ئايىروپىلاندىن قارىغاندا دالادا چېپىۋاتقان زېبىرىلارنىڭ يۇقىرىغا بۆرتۈپ چىققان دۈمبىلىرىلا كۆرۈنەتتى. ئارقارلار بارماقچىلىك چوڭلۇقتا كۆزگە تاشلىناتتى، باشتا كېتىۋاتقان قارا ئارقارلار تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتتى. ئەمدى ئۇلار تېخىمۇ كىچىك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. يۈگۈرۈۋاتقىنى ياكى مېڭىۋاتقىنى پەرق ئەتكىلى بولمىدى. خارىنىڭ كۆزىگە پەستە سارغۇچ رەڭگە ئۆزگەرگەن دالا، ئالدى تەرەپتە كامپىتوننىڭ بوغما چاپىنى ۋە قوڭۇر رەڭلىك شىلەپىسى كۆرۈندى. ئۇلار بىر ئازدىن كېيىن تاغلارنىڭ ئارىسىدن ئۆتتى. يوغان ئارقارلار تاغقا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. ئارقىدىن خارىلار تېخىمۇ ئېگىز چوققىلارنىڭ، تىك چوققىلاردا قىيپاش ئۆسكەن يېشىل ئورمانلارنىڭ، مەزمۇت بامبۇكلار بوي تارتقان تاغ قاپتىلىنىڭ، ئاندىن باراقسان، ئورماننىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. ئۇلار ئورماننىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندە دەممۇدەم ئېگىز چوققىلار ۋە جىلغىلار ئۇچرايتتى. ئايىروپىلان بارا-بارا پەسلەپ بېرىۋاتقان چوققىلارنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندە، يەنە بىر كەڭ ئوچۇقچىلىق كۆزگە تاشلاندى. ھاۋا ئىسسىغان، زېمىن قارامتۇل رەڭدە كۆزگە چېلىقاتتى. ئايىروپىلان گۈركىرەپ پات-پات سىلكىنىگىنىچە ئۇچاتتى. كامپىتون ئۇنىڭ قانداقراق ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بولغاندەك بۇرۇلۇپ قاراپ قوياتتى. ئارقىدىن ئايىروپىلان يەنە قارامتۇل چوققىلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى.

 شۇ ئارىدا ئايىروپىلان ئارۇشا تەرەپكە قارىماي ئۇچماي، يۆنىلىشنى ئۆزگەرتتى. «ماي يېتىدىغان ئوخشايدۇ-دە» دەپ ئويلىدى خارى. ئۇ پەسكە قاراپ لەگلەكتىن چۈشۈۋاتقاندەك بىر ھالەتتە تۆۋەنگە شۇڭغۇۋاتقان ھال رەڭ بۇلۇتلارنى كۆردى. خارى ھاۋادىن قارىۋىدى، تۇيۇقسىز جۇدۇن بولۇۋاتقاندەكلا قار كۆچۈشكە باشلىدى. خارى چېكەتكىلەرنىڭ جەنۇبتىن كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئارقىدىن چېكەتكىلەر شەرققە يۆتكەلمەكچى بولدىمۇ، ئەيتاۋۇر ئۈستى تەرەپكە يامىشىشقا باشلىدى.

 ئارقىدىن ھاۋا بىردىنلا قارىيىپ چېلەكلەپ قۇيغاندەك يامغۇر يېغىپ كەتتى. بۇ ھال كىشىنى شارقىراتما ئارىسىدا قالغاندەك بىر تەسىراتقا كەلتۈرەتتى. كامپىتون كەينىگە بۇرۇلۇپ قىيسىيىپ كۈلگەچ بارمىقى بىلەن ئالدى تەرەپنى كۆرسەتتى. خارى چەكسىز كەتكەن، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئاق، ئېگىز، ھەيۋەتلىك تاغلارنى كۆردى. بۇ كىلمانجارو تېغى ئىدى. خارى شۇندىلا ”ھە، ئاشۇ يەرگە بارىدىكەنمىز-دە» دەپ ئويلىدى.

دەل شۇ دەقىقىدە سىرتلانلار كاڭشىشىتىن توختاپ يىغلاۋاتقاندەك غەلىتە بىر ئاۋازدا ھۇۋلاپ كەتتى. ئايال بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئارامسىزلىق ئىچىدە كارىۋاتتا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆرۈلۈشكە باشلىدى. لېكىن ئويغانمىدى. ئۇ چۈشىدە ئۆزىنى ئارالدىكى ئۆيدە كۆردى.  بۇ ئۇنىڭ قىزى تۇنجى قېتىم ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان كۈننىڭ ھارپىسى ئىدى. قىزىنىڭ ناھايىتى توپمايدەك كۆرۈنىدىغان دادىسىمۇ باردەك قىلاتتى. دەل شۇ چاغدا ئايال سىرتلاننىڭ قاتتىق ھۇۋلىشىدىن ئويغىنىپ كەتتى، بىر ھازاغىچە ئۆزىنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىدى. قورقۇپ جان-پېنى چىقىپ كەتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئايال قولچىراغنى ياندۇرۇپ يەنە بىر كارىۋاتقا قارىدى. خارى ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئۇلار كارىۋاتنى ئۆيگە ئەكىرگەنىدى. پاشلىقتا خارىنىڭ بەدىنى گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ھېلقى پۇتىنى سوزۇپ يېتىۋالغاندەك قىلاتتى، دورا سۈرتۈلگەن لاتا يەرگە چۈشۈپ كەتكەنىدى. ئايال بۇ ھالنى كۆرۈپ زادىلا چىدىيالمىدى.

-مورو!- ۋارقىرىدى ئايال،- مورو! مورو!

 ئارقىدىن ئۇ ئاۋازىنى سوزۇپ خارىنى چاقىردى:

 -خارى! ئويغىنىڭ! ئاھ،خارى!

 جاۋاب كەلمىدى. خارىنىڭ تىنىقى توختىغانىدى.

ئايالنى ئويغىتىۋەتكەن سىرتلان چېدىرنىڭ سىرتىدا يەنە شۇنداق غەلىتە ئاۋازدا ھۇۋلاۋاتاتتى. لېكىن، يۈرىكى ھەددىن زىيادە سوقۇپ كەتكەنلىكتىن، ئايال ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىيالمىدى.

مەنبە: ‹‹دۇنيا ئەدەبىياتى ›› ژۇرنىلى

]]>
?feed=rss2&p=10214 0