ئەسەر ۋە باھا – پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى http://www.pasahet.net Fri, 04 Nov 2016 04:54:31 +0000 ug-CN hourly 1 مويەن: «تولغان بەدەن» ۋە ئوغۇز سۈتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ?p=11817 ?p=11817#respond Sat, 28 Sep 2013 21:36:01 +0000 ?p=11817 «تولغان بەدەن» ۋە روھىي ئوغۇزدىن ئايرىلىپ قېلىش

مويەن

تەرجىمە قىلغۇچى: ئايجامال مۇھەممەت

ئانام ناھايىتى كۆپ بالا تۇغقان ئىدى، لېكىن ھايات قالغىنىمىز پەقەت بىز تۆتىمىزلا ئىدۇق.ئۆتمۈشتىكى جۇڭگو يېزىلىرىدا ئاياللارنىڭ بالا تۇغۇشى ئىت مۈشۈكنىڭ تۇغۇشىدىن پەرقلەنمەيتتى.مەن 《تولغان بەدەن》 رومانىمنىڭ 1- بابىدا بۇ خىل كۆرۈنۈشنى تەسۋىرلىدىم : روماندىكى ئايال باش قەھرىمان شاڭگۇەن لۇشى قوشكېزەك تۇغۇش ئالدىدا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى ئېشەكمۇ تەخەيلىمەكچى بولۇپ تۇراتتى. ئادەم ۋە ئېشەك ئوخشاشلا قىيىن تۇغۇتقا دۇچ كېلىدۇ .لېكىن شاڭگۈەن لۇشىنىڭ قېيناتىسى ۋە قېيناپىسى ھىلىقى ئېشەككە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ .ئۇلار قىيىن تۇغۇتقا دۇچ كەلگەن ئېشەككە مال دوختۇرى تەكلىپ قىلىدۇ ، لېكىن قىينىلىۋاتقان كېلىنى بىلەن كارى بولمايدۇ .
بۇ خىل ئەھۋال قارىماققا ناھايىتى ناھايىتى بىمەنە بىلىنسىمۇ لېكىن شۇ چاغدىكى جۇڭگو يېزىلىرىدا ئادەتتىكىلا بىر ئىش ئىدى. ئاناممۇ قوشكېزەككە ھامىلدار بولغان چاغدا قورسىقى يوغانلىقىدىن ئېڭىشسىمۇ پۇتىنى كۆرەلمەيتتى،شۇنداق تۇرۇپمۇ ئېتىزغا چىقىپ ئەمگەك قىلاتتى. ئۇ قوشكېزەكلەرنى بۇغدايلىقتا تۇغۇپ قويغىلى تاس قالغان. ئەمدىلا ئىككى بالىنى تۇغۇپ بۇلۇشىغا قارا يامغۇر يېغىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن دەرھاللا بۇغدايلىققا بېرىپ بۇغدايلارنى ئورىۋالغان. كېيىن بۇ قوشكىزەكلەر ئۆلۈپ كەتتى. ئۆيدىكىلەر ناھايىتى خاتىرجەم ھالدا يۈرۈۋەردى. ئاناممۇ يىغلىمىدى . بۇ ھالەت بۈگۈنكى كۈندە ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئىشتەك بىلىنىدۇ .لېكىن شۇ چاغدا ھەقىقەتەن ناھايىتى نورمال ئىش ئىدى.
مەن روماندا شاڭگۈەن لۇشىنىڭ ئاشلىق ئوغرىلايدىغان ئاجايىپ غەلىتە بىر خىل ئۇسۇلىنى يازدىم : ئۇ ئەترەتتىكى تۈگمەندە ئۇن تارتىدۇ. باشقا كادىرلار دىققەت قىلمىغان ۋاقىتتا ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن ئاشلىقنى پۈتۈن پېتىلا يۇتۇۋېتىدۇ . شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى ئاختۇرۇشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ .ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئۇ بىر داس پاكىز سۇنى ئالدىغا ئەكىلىۋېلىپ، ئاغزىغا چوكىنى تىقىپ، ئاشقازاندىكى تېخى ھەزىم بولمىغان ئاشلىقنى ياندۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئاندىن پاكىز يۇيۇپ، تالقان قىلىپ يانجىپ قېينانىسى ۋە بالىسىغا يىگۈزىدۇ. بۇ ئىش ئاڭلىماققا چۆچەكلەردىكىدەك بىلىنىدۇ، لېكىن ھەقىقەتەن ئانامنىڭ ۋە كەنتىمىزدىكى نۇرغۇن ئاياللارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار . مەن بۇ روماننى ئېلان قىلدۇرغاندىن كېيىن ، بايا دەپ ئۆتكەن بۇ ئىشلارنى قالايمىقان توقۇلما، سوتسىيالىزمغا قارا چاپلىغانلىق دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇلار 20 – ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىكى جۇڭگو يېزىلىرىدىكى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرگىنىنى ئەلۋەتتە چۈشەنمەيدۇ .
كۆپ تۇغۈش ۋە ئاچلىق سەۋەبىدىن ئانامغا ئوخشاش ياشتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كېسەلچان بۇلۇپ كېتەتتى. ئۇلار 30 نەچچە ياش تۇرۇپلا تۇغۇش ئىقتىدارىدىن قالاتتى؛ 40 نەچچە يېشىدا چىشلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتەتتى.
ئەلۋەتتە ئاياللارلا ئەمەس، ئەرلەرمۇ. بالىلار ۋە ياشانغانلارمۇ شۇنداق ئىدى. بىزنىڭ ئازاپقا بەرداشلىق بېرىش كۈچىمىز ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى.
مەن ئانامنىڭ ئەڭ كىچىك بالىسى ئىدىم، ئانام ماڭا بەكلا كۆيۈنگەچكە مەن بەش ياشقىچە ئەمگەن ئىدىم . مەن بۇ روماندا ئارغۇن بالا شاڭگۈەن جىڭتوڭنى ياراتتىم. ئۇ ئانىسىنى تاكى 15 ياشقىچە ئېمىدۇ، ئۇ ئاياللارنىڭ كۆكسىگە نىسبەتەن بىر خىل مەپتۇن بۇلۇپ قالىدۇ. كېيىن لىپتىك ساتىدىغان بىر دۇكان ئېچىپ، لىپتىك لايىھەلەيدىغان مۇتەخەسىس بۇلۇپ قالىدۇ . مەن بۇ پېرسۇناژنى غايەت زور سىمۋوللاشقان ئوبراز دەپ قارايمەن.
بەزى ئوقۇرمەنلەر مەندىن شاڭگۈەن جىڭتوڭ سىز شۇمۇ دەپ سورىدى. مەن ئەمەس دېدىم. چۈنكى مەن ئارغۇن ئەمەس؛ مەن يەنە مېنىڭ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا بىر شاڭگۇەن جىڭتوڭ بار دېدىم .
روماندىكى ئانا ئىلگىرى ئەيىپلىگەن شاڭگۈەن جىڭتوڭ بولسا ئۆمۈربويى ئانىسىنىڭ كۆكسىگە ئېسىلىپ قالغان مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان بالا ئىدى . ئانىسىنىڭ دېگىنى ئەمىليەتتە بىر خىل روھى ئىپادىلەش ئىدى. ماددى جەھەتتىكى ئوغۇزدىن ئايرىش تەس ئىش ئەمەس، لېكىن روھى جەھەتتىكى ئايرىش ناھايىتى تەس. فىئودالىزم دىگەن نەرسە بۈگۈنكى كۈندىمۇ جەمىيەتتە غايەت زور رول ئوينىماقتا. نۇرغۇن كىشىلەر فىئودالىزمغا بولغان مەستانىلىقى شاڭگۈەن جىڭتوڭ ئانىسىنىڭ كۆكسىگە بولغان مەستانىلىقىدىن قېلىشمايتتى، شۇڭلاشقا مېنىڭ بۇ رومانىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشى نورمال ئىش ئىدى.
مەن 500 مىڭ خەتلىك بۇ روماندا يەنە شاڭگۈەن لۇشىنىڭ سەككىز قىزى ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە كۈيوغلىنىڭ تەقدىرىنى يازدىم . بۇ جەمەتنىڭ تەقدىرىگە ۋە گاۋمىي دۇڭبىي(گاۋمېي ناھىيە شەرقىي شىمال يېزىسى) يېزىسىغا ئوخشايدىغان مەن ئويدۇرۇپ چىقارغان بۇ يەرنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۆز قاراشلىرىمنى ئىپادىلەپ چىقالىدىم.
بىر يازغۇچى، ئۆزىنىڭ دىققەت نەزىرىنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا قاراتسا، ئۇنداقتا ئۇ مۇقەررەر ھالدا ئۆز ھىكايىسىنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ. يازغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى باشتىن ئاخىر ئادەمنىڭ تەقدىرى ۋە ئەھۋالى بۇلۇشى، شۇنداقلا داۋالغۇپ تۇرغان جەمىيەتتىكى ئادەملەر ئارىسىدىكى ھىسسىيات ئۆزگىرىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىي ئازغۇنلۇقى بۇلۇشى كېرەك .
«مەنىزار» ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق ئالدىنقى 2- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى .

مەنبە: يازغۇچىلار تورى

http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=11217

 

]]>
?feed=rss2&p=11817 0
ئوسكار ۋىلدنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ئۇنىڭ «دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى»ناملىق رومانى ھەققىدە ?p=10896 ?p=10896#respond Sun, 01 Jul 2012 09:32:22 +0000 ?p=10896 ئوسكار ۋىلدنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ئۇنىڭ

«دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى»ناملىق رومانى ھەققىدە

ھەزرىتى ئەلى بارات

19- ئەسىردىكى ئىستېتىزمنىڭ ۋەكىلى ئوسكار ۋىلدىنى دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئاجايىپ تالانتلىق شەخىس دېيىشكە بولىدۇ . بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاسى چوقۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن بولسا ، بەزىلەر ئۇنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايىتتى . چۈنكى ئۇ پەرىشتىدەك ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئىپلاسلىقنى ئۆزىدە تەڭ مۇجەسسەملىگەن زىددىيەتلىك شەخس ئىدى .

ئوسكار ۋىلدى 1854 – يىلى دۇبلىندا تۇغۇلغان ، قسقىغىنە ھاياتى ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە ئۆتكەن . ۋىلدىنىڭ دادىسى تېخنىكىسى يوقىرى تاشقىي كېسەللىكلەر دوختۇرى بولغاچقا ، ياۋروپادا قۇلاق كېسەللىكىنى داۋالايدىغان دوختۇرلارنىڭ پېشىۋاسى دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغانىدى . تېبابەتتىن باشقا ، ئۇ يەنە ئەدەبىيات ، ئارخېئولوگىيە ئىلىمىگە خېلى پىششىق ئىدى ، ئەمما ئۇ تۇرمۇشتا زىيادە چىرىكلەشكەن ، شەھۋەتپەرەس ، ئاچكۆز كىشى ئىدى . شۇڭا باشقىلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن «ئۇ ھۇشسىزلاندۇرۇش دورىسى بىلەن دىيانەتلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بىر ئايالنى ئازدۇردى» دەپ شىكايەت قىلغان . ئاپىسى جېن ئېركى ناھايىتى تالانتلىق ، شۆھرەت قازانغان شائىرە ھەم پىشقان سىياسىي ئانالىزچى ئىدى . ۋىلدى ئۆيدە دائىم بولۇپ تۇرىدىغان سالونلاردا ئاپىسىنىڭ مېھمانلار بىلەن قانداقتۇر بىر ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى . دېمەك ، ۋىلدى كىچىكىدىنلا ئاتا – ئانىسىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان . شۇڭا ، ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك دەرسلەرنى دادىسىنىڭ ناشتا ۋاقتىدا قىلغان سۆزلىرىدىن ۋە ئاپىسىنىڭ مېھمانلار بىلەن ئۆيدە قىلىشقان مۇھاكىمىلىرىدىن ئالغان ئىدى . ۋىلدى ئاتا – ئانىسىدىن چەكسىز پەخىرلىنەتتى . ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان «تۈرمە ئەسلىمىلىرى» دېگەن ئەسىرىدە ئاتا – ئانىسى توغرىسىدا : «ئاتا – ئانام ماڭا بىر ئىسىم ئاتا قىلدى ، ئۇلار بۇ ئىسمىمنى سەنئەت ، ئارخېئولوگىيە ، ئىلىم – پەندىلا ئەمەس ، يەنە ۋەتىنىمنىڭ بىر دۆلەتكە ئايلىنىش تارىخى جەريانىدا تېخىمۇ ئۇلۇغ شان – شەرەپكە ئىگە قىلدى» دەپ يازغانىدى .

ۋىلدى 20 يېشىدا ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ ژۇرناللارغا ماقالە بېرىشكە باشلىدى . ئەينى چاغدا ، داڭلىق يازغۇچى ۋە ئوبزورچى جون راسكىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ مۇزىيىدا بىر يۈرۈش لېكسىيە سۆزلەپ ، ئۆزىنىڭ ئېستېتىكا ئىدىيىسىنى مۇپەسسەل شەرھىيلەۋاتقان ئىدى . جون راسكىننىڭ «پائالىيەتچانلىقى بولمىغان تۇرمۇش جىنايەت ئۆتكۈزگەن بىلەن ، بەدىئىيلىكى بولمىغان پائالىيەت ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان بىلەن باراۋەر» دېگەن كۆز قارىشى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا تازا بازار تېپىۋاتقاندا ، ۋىلدى بۇ كۆز قاراشتىن چوڭقۇر ئىلھام ئالغان ۋە بۇ قاراشنى ھىمايە قىلغان . بۇنىڭدىن باشقا ، ۋارت پىنتېرنىڭ «ئەدەبىيات – سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش توغرسىدا تەتقىقات» دېگەن ئەسىرىمۇ ئۇنىڭ ئىلھامىنى خېلى قوزغىغان ئىدى . ۋىلدى ۋارت پىنتېر بىلەن كېيىن تونۇشقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت»دېگەن تەشەببۇسىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلدى . ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقاندا ، ۋىلدىنىڭ كىيىنىش ، يۈرۈش – تۇرۇش ، گەپ – سۆزى ئۆزگىچە بولۇپ ، ئۆيىمۇ ناھايىتى ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئىدى . تەققى – يۇرۇقىدىن تارتىپ ئىش – ھەرىكەتلىرىگىچە ئىستېتىزمچە سالاپەت سىڭىپ كەتكەنىدى . 1877 – يىلى ، ۋىلدىنىڭ ئىتالىيە ۋە گرېتسىيەگە قىلغان سەپىرى ئۆزىنىڭ ئىستېتىكا ئىدىيىسى ۋە سەنئەت نەزەرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلەتتى . ئوكسفوردقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئىستېتىكا پروفېسسورى بولۇپ ، ئىستېتىزملىق ئەدەبىيات – سەنئەت ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلدى . نەتىجىدە ، ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرى تېزلا كۆپەيدى . 1881 – يىلى 7 – ئايدا ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «ۋىلدى شېئىرلىرى» لوندوندا نەشر قىلىندى . بۇ – ۋىلدىنىڭ ئەدەبىيات سېپىگە رەسمىي يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى . شۇ يىلى ئۇ ئامېرىكا ۋە كانادادا ساياھەت قىلغاچ لېكسىيە سۆزلىدى . بۇ جەرياندا ئامېرىكا رومانتىزمچىلىقىنىڭ باشلامچىسى ھېلىن ئېخۇتماننى زىيارەت قىلىپ ، ئۇلارنىڭ غەيرىلىك ۋە ئەسەبىي ھېسسىياتنى قوغلىشىدىغان ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى تەشەببۇس قىلدى . «نىيۇيورك پېشىۋالار گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ۋىلدىنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭدىن :«ئىستېتىزىمنى بىر خىل پەلىسەپە دېيىشكە بولامدۇ؟» دەپ سورىغاندا ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستېتىزم نەزەرىيىسى توغرىسىدىكى كۆز قارىشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى : «ئىستېتىزمنى ئەلۋەتتە بىر خىل پەلسەپە دېيىشكە بولىدۇ . ئىستېتىزم سەنئەتتە يەنە قانداق نەرسىلەرنى بايقاشقا بولىدىغانلىقىنى ، تۇرمۇشقا يوشۇرۇنغان مەخپىيەتلىكلەرنى ئىزدەشنى تەتقىق قىلىدۇ . شۇڭا ئىستېتىزمنى سەنئەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ .»

1883 – يىلى ، ۋىلدى ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۆز ۋاقتىدا ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ يېڭى پىكىرلىرى جانلانغان مەركەز پارىژ شەھىرىگە بارىدۇ . ۋىلدى پارىژدا گوگۇل ، ھىيۇگۇ ، دود قاتارلىق يازغۇچىلار ، بىر قىسىم داڭلىق ئارتىسىتلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن تونۇشۇپ ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى ھەدىيە قىلغان ، ھەمدە چۈشكۈنلۈك ئېقىمى ئەدەبىياتى ۋە زۇلانىڭ ئەسەرلىرىدىكى زەئىپ ۋە بىنورمال تەسۋىرلەر ئۈستىدە يۈزەكى تونۇش ھاسىل قىلغان . ئۇ «گراف پادىئاي خانىم» ناملىق دىراممىنى يېزىپ چىقتى ، بۇ تىياتىر «ۋېرا» ناملىق تىياتىرغا ئوخشاشلا تازا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمىدى . لېكىن ، بۇ ئەسەر ئۇنىڭ كېيىنرەك يازغان«دورىيان گرېينىڭ پورتېرىتى» ناملىق رومانىنىڭ پروتوتىپى ئىدى . بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ، ۋىلدىنىڭ مۇشۇ مەزگىلدە روياپقا چىقارغان «سىفنىكىس» ناملىق داستانىدا ئۇنىڭ ئەدەبىي تالانتى ھەقىقىي نامايان قىلىنغان . پارىژ شەھىرى ۋىلدىغا گۈزەل تەسىراتلارنى قالدۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ۋىلدى يېرىم يىلدىن كېيىن لوندونغا قايتىپ كەتكەن .

 1884 – يىلىنىڭ بېشىدا ، ۋىلدى دۇبلىندا بىر پۇلدار ئاۋوكاتنىڭ كانىستان لائوۋرىد ئىسىملىك بىر قىزى بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ . ئۇ بۇ قىزنىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان لاتاپىتى ۋە سەمىمىيلىكىگە مەپتۇن بوپ قالىدۇ ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ قىزغا ئۆيلىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، مۇھەببەت ۋىلدىنىڭ ئىجادىيىتىگە يېڭىچە ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كېلىشكە باشلايدۇ .

1885 – يىلى 5 – ئايدا ، ئۇنىڭ «شادىمان شاھزادە ۋە باشقىلار» («شادىمان شاھزادە» ، «بۇلبۇل ۋە ئەتىر گۈل» «شەخسىيەتچى ئادەم» ، «ساداقەتمەن دوسىت» ۋە «سېھىرلىك راكېتا» قاتارلىق ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن) ناملىق چۆچەكلەر توپلىمى نەشر قىلىندى . بۇ كىتاب نەشر قىلىنىشى بىلەن ، تېزلا غولغۇلا قوزغىدى . ۋىلدىمۇ قىزغىن پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى . «شادىمان شاھزادە ۋە باشقىلار» دېگەن چۆچەك ئەنگلىيىدە تا ھازىرغىچە داڭلىق چۆچەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە . بۇ چۆچەك ھازىرغىچە كۆپ قېتىم نەشر قىلىندى . «شادىمان شاھزادە» دېگەن چۆچەكتىكى باش قەھرىمان شادىمان شاھزادىنىڭ ھەيكىلى شەھەردە خۇددى قەبىھلىك ۋى غۇربەتچىلىككە تولغان جەمئىيەتكە نالە قىلغاندەك ھالەتتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ . بۇ شاھزادە قارلىغاچلارنىڭ ياردىمىدە ۋۇجۇدىدىكى بارلىقىنى نامراتلىق ئىلىكىدە زارلىنىۋاتقان كىشىلەرگە ئاتىغان ، ئەمما ئۆزى قارلىغاچ بىلەن ئەخلەت دۆۋىسىگە جور بولۇپ ، بىر بۇلۇڭدا بويۇن قىسىپ قالغان . ۋىلدىنىڭ «شەخسىيەتچى ئادەم» دېگەن چۆچىكىدە بايان ئىنتايىن ئىخچام بولۇپ ، تىلى گۈزەل ، شېئىرىي پۇرىقى مول بولغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .

1891 – يىلى دېكابىردا ، ئۇنىڭ «ئانار ماكانى» ناملىق يەنە بىر چۆچەكلەر توپلىمى دونياغا كۆز ئاچتى . بۇ كىتابقا «ئۆسمۈر پادىشاھ» ، «مەلىكىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى» ، «بېلىقچى ۋە ئۇنىڭ روھى» ۋە «يۇلتۇز بالا» قاتارلىق تۆت چۆچەك كىرگۈزۈلگەن . بۇ كىتابنى كىشىلەر ۋىلدىنىڭ تۇنجى چۆچەكلەر توپلىمىنى ئالقىشلىغاندەك ئانچە تېز ئالقىشلاپ كەتمىدى ، بەلكى قەدىر – قىممىتىنى ئاستا – ئاستا تونۇدى . بولۇپمۇ ، ۋىلدى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ، بۇ چۆچەكلەر توپلىمىنى بىلمەيدىغان ئادەم قالمىدى .

ۋىلدىنىڭ چۆچەكلىرى تەسەۋۋۇرغا باي بولۇپ ، گۈزەل تىل ، قۇيۇق شېئىرىي ھېسسىيات ۋە تەسۋىر ئارقىلىق ئاپتورنىڭ زىل يەكۈنگە ئىگە ئىقتىدارى ۋە ئىستېتىزمچە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن . بۇ چۆچەكلەرنىڭ ۋەقەلىكىگە باشتىن – ئاياغ بىر تېما سىڭدۈرۈلگەن ، ئۇ بولسىمۇ ھۆكۈمران سىنىپ بىلەن دۆلەتمەنلەرنىڭ نەپسانىيەتچىلىكى ، شەخسىيەتچىلىكى ، رەھىمسىز – ياۋۇزلىقى قامچىلىنىپ ، ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىغا مەدھىيە ئوقۇلغان ، ئاپتورنىڭ ئاجىزلارغا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە ھېسىداشلىقى ئىپادىلەنگەن . شۇ ۋەجىدىن ، ۋىلدى تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىنمۇ ژۇرنالغا داۋاملىق ماقالە بېرىپ تۇردى ۋە كۆپلەپ لېكسىيە سۆزلىدى . 1887 – يىلىدىن 1889 – يىلىغىچە «ئاياللار دۇنياسى» ناملىق ئايلىق ژۇرنالدا تەھرىرلىك قىلدى ، بىكار بوپ قالغان چاغلىرىدا نۇرغۇن پوۋېسىت يازدى . بۇ ئەسەرلىرى بىر نەچچە يىلدىن كېيىن «لورد ئارتور ساۋىرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى» دېگەن نام بىلەن توپلام قىلىنىپ نەشردىن چىقتى . 1891 – يىلى ، ئۇ «غەرەز» ناملىق ئەدەبىي ئوبزورلار توپلىمى بىلەن «سوتسىيالزم تۈزۈمى شارائىتىدىكى كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتى» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى ھەمدە «سالومې» ناملىق شېئىرىي دىراممىسىنى يېزىشقا كىرىشتى .

شۇ زامانلاردا كىشىلەر ھەمجىنىسلار مۇھەببىتىنى قاتىللىقتىنمۇ ئۆتە قەبىھ قىلمىش دەپ ئېغىر ئالاتتى . لېكىن ئەنگلىيىلىكلەر دېگىنىنىڭ ئەكسىنى قىلىدىغان زىددىيەتلىك مىللەت ئىدى . 19 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە جەمئىيىتىدە بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەر بىلەن ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەتلىشىش بۆلەكچە ئەۋج ئالدى . ۋىلدى بەچچىۋازلارنىڭ باشلامچىسى ۋە ھىمايىچىسى بولۇپ ، 1886 – يىلى ئۆزىدىن خېلىلا كىچىك روبېرت روس ئىسىملىك بىر ئوغۇلبالا بىلەن مۇھەببەت پەيزىنى سۈرگەن ئىدى . 1891 – يىلى ، ئۇ يەنە لورد دوگلاس ئىسىملىك بىر يىگىتكە ئىختىيارسىز مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ . لورد دوگلاس كېلىشكەن ، قامەتلىك ، سېرىق چاچ ، كۆك كۆزلۈك يىگىت بولۇپ ، ئۇنىڭغا ئەرلەرنىڭمۇ ، ئاياللارنىڭمۇ كۆزى ئوخشاشلا چۈشۈپ قالاتتى . لورد دوگلاسنىڭ دادىسى ماركىز كۇنسبۇرىي ئوغلى بىلەن ۋىلدىنىڭ باشقىچە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايقاپ قېلىپ ، ۋىلدىنى كىشىلەرنىڭ ئالدىدىلا نۇمۇسقا ئۆلتۈرىدۇ . ۋىلدى ئاچچىقىدا ماركىز كۇنسبۇرىينى ماڭا تۆھمەت قىلدى دەپ سوتقا ئەرز قىلىدۇ . لېكىن ، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك ، سوت ۋىلدىنى «ئەخلاقسىزلىق» جىنايىتى بىلەن ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ . ئايالى بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلىنىپ ، ئۇ تۈرمىدىن چىققۇچە ئۆلۈپ كېتىدۇ . ۋىلدى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ، ئەنگلىيىدىن فرانسىيىگە بېرىپ ، سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلايدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامى بارغانسېرى سۇسلىشىدۇ . ۋىلدىنىڭ دەبدەبە بىلەن يېزىلغان باشقا شېئىرلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ، ئۇنىڭ بىر كامېردا بىللە تۇرغان تۈرمىدېشىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان «رېدىن تۈرمە مارشى»ناملىق شېئىرى چىن ھېسسىيات ۋە روشەن ئۇسلۇبقا ئىگە .

ۋىلدى شېئىر ، چۆچەك ، نەسىر ، رومان يېزىقچىلىقىدا كامالەتكە يېتىپلا قالماي ، يەنە دىرامما ئىجادىيتىدىمۇ كامالەتكە يەتكەن دىرامماتورگ . ئۇ جەمئىي توققۇز پارچە سىنارىيە يازغان . بۇنىڭ ئىچىدە كومېدىيىلىك تىياتىر «ۋىندىمر خانىمنىڭ يەلپۈگۈچى» ، «ئەرزىمەس ئايال» ، «كۆڭۈلدىكىدەك ئەر» ، «ئەستايىدىللىقنىڭ مۇھىملىقى» قاتارلىق دىرامملىرى ھازىرغىچە سەھىنىلەردە ئوينىلىپ كەلمەكتە . بۇ كومېدىيىلىك تىياتىرلاردا ، ۋىلدى ئۆتكۈر ھەجىۋى تىل بىلەن جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ياشايدىغان كىشىلەرنى مەسخىرە قىلغان . ئوبىيېكتىپ جەھەتتە ، ئەنگلىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان ساختا ئەخلاقى بىلەن بىمەنە ئادەتلىرىنى ئەيىبلىگەن .

ئۇ بىر پەردىلىك دىرامما « سالومې »نى 1891 – يىلى «ئىنجىل»دىكى بايانلار ئاساسىدا ئىجاد قىلغان بولۇپ ، «ماكفېيىن» نىڭ 6 – بابى ۋە «ماتفېيىن» نىڭ 14 – بابىدا مۇنداق مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن : پادىشاھ شىرۇ ئىنىسى فېرىنىڭ خوتۇنى شىرودىنى ئەمرىگە ئالماقچى بولىدۇ . قائىدە – يوسۇنغا بەكلا ئىتائەت قىلىدىغان يوھان پادىشاھ شىرونى نەچچە رەت ئاگاھلاندۇرۇپ : «شىرودىنى ئەمرىلىرىگە ئالسىلا بولمايدۇ» دەپ توسىدۇ . بۇنىڭدىن پادىشاھ شىرۇنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىدۇ . پەيغەمبەرلەرنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىشىدىن قورقۇپ ، جوننى ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماي ، زىندانغا تاشلاپلا بولدى قىلىدۇ . پادىشاھ تەۋەللۇت كۈنىنى خاتىرىلىمەكچى بولۇپ ، ۋەزىر – ۋۇزۇرالىرىنى زىياپەتكە چىللايدۇ . ئۇنىڭ ئامراق قىزى سالومې زىياپەتتە ئۇسسۇل ئويناپ ، پادىشاھ شىرونى ئاجايىپ خۇرسەن قىلىۋېتىدۇ . پادىشاھ قىزىغا قەسەم بېرىپ : «سەن نېمە دېسەڭ ، شۇنى بەجا كەلتۈرىمەن» دەيدۇ . قىزى نېمە تەلەپ قىلىشنى بىلەلمەي ، بېرىپ ئانىسىدىن سورايدۇ . ئانىسى «قائىدە – يوسۇنچى جوننىڭ كاللىسىنى سورا»دەپ گەپ ئۆگىتىدۇ . سالومې ئاپىسىنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە پادىشاھتىن جوننىڭ كاللىسىنى سورايدۇ . پادىشاھ شىرو بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق پەرىشان بولىدۇ . لېكىن ، قىزىغا قەسەم بېرىپ قويغاچقا ، ئامالسىز ياساۋۇللىرىغا يوھاننى ئۆلتۈرۈشكە پەرمان چۈشۈرۈپ ، يوھاننىڭ كاللىسىنى قىزىغا بېرىدۇ . قىزى كاللىنى ئېلىپ ئانىسىغا بېرىدۇ . يوھاننىڭ شاگىرىتلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ، يوھاننىڭ بېشى يوق جەسىتىنى ئېلىپ كېتىپ دەپنە قىلىدۇ . دېمەك ، «ئىنجىل» دىكى يوھاننىڭ ئۆلۈمىگە سالومې ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ ئاپىسى سەۋەبچى بولغانىدى .

ۋىلدى بولسا «ئىنجىل» نى ئۆزگەرتىپ يازغانىدى . ۋىلدى يازغان « سالومې »دىراممىسى يوھان زىندانغا تاشلىنىپ بولغان چاغدىن باشلىنىدىغان بولۇپ ، سالومېنىڭ دىققىتىنى يوھاننىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ئۆزىگە تارتىدۇ . سالومې گۇندىپايلارغا بۇيرۇق قىلىپ ، يوھاننى زىنداندىن ئازات قىلىدۇ ھەمدە چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان يوھانغا تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز دەرىجىدە ئاشىق – بىقارار بولىدۇ – دە ، ئۇنىڭغا مەجنۇنلارچە مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ . لېكىن ، يوھان سالومېنىڭ مۇھەببىتىنى قوپال سۆز – ئىبارىلەر بىلەن رەت قىلىدۇ . بۇنى خورلۇق ھېسابلىغان سالومېنىڭ قەلبىدە قىساس ئوتى يالقۇنجاپ ، يوھانغا ئەسەبىيلەرچە : «مەن لەۋلىرىمنى لەۋلىرىڭگە ياقماي قويمايمەن» دەيدۇ . سالومې پادىشاھ شىرونىڭ ئالدىدا لەرزان ئۇسسۇل ئوينىغىنىچە پەيدا بولىدۇ . ئۇنىڭ قۇشتەك يېنىك ، لەرزان ئۇسسۇلى پادىشاھ شىرونىڭ ئەس – ھۇشىنى ئالىدۇ . بۇ چاغدا ، سالومې ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئارقىلىق پادىشاھتىن يوھاننىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ بولغانىدى . پادىشاھ شىرو ئامالسىزلىقتىن يوھاننىڭ كاللىسىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ . قىزى سالومېنىڭ يوھاننىڭ قانغا مىلەنگەن كاللىسىنى ئەسەبىيلەرچە سۆيۈۋاتقىنىنى كۆرۈپ قاتتىق دەرغەزەپكە كەلگەن پادىشاھ ھېسسىياتى چېكىدىن ئاشقان بۇ تەلۋە قىزىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ .

سالومې بىردەملىك لەززەتنى دەپ قىممەتلىك ھاياتىنى نابۇت قىلىدۇ ، ھەش – پەش دېگۈچە گۈزەللىكىدىن مەڭگۈلۈك خوشلىشىدۇ . ۋىلدى «ئىنجىل» دا ئەسلى تولىمۇ بىغۇبار ، سەبىي قىلىپ تەسۋىرلەنگەن سالومېنى ئۆزىنىڭ دىراممىسدا شەھۋانىي نەپسى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدىغان ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ ، بۇنى كلاسسىك پېرسۇناژلارنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈپ ، يېڭىچە بىر ئۇسلۇبنى يارىتىدۇ . بۇ ئەسەردىكى سالومې بىردەملىك لەززەتنى قوغلىشىدىغان ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە تەلۋە قىز . ۋىلدى مۇشۇ ئوبراز ئارقىلىق ئىستېتىزمنى ئەڭ يۈكسەك مەدەنىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكەن . بۇنىڭ رېئال ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى ، ئىستېتىزم ئىستېمالىزم تەكىتلەيدىغان «بىردەملىك راھەت» قارىشى بىلەن تاساددىپىي ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇپ قالغان ، « سالومېنىڭ سۆيۈشى» بىر خىل ھايات ئۇقۇمىغا ئايلىنىپ كەتكەن . بۇ بەلكىم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەۋج ئالغان ۋىلدى قىزغىنلىقىنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كېرەك .

فلوبىر ، ماللارمى قاتارلىقلارمۇ مۇشۇنى خام ماتېرىيال قىلىپ ئىجادىيەت قىلغانىدى . فرانسىيىنىڭ سىمۋولىزىمچى رەسسامى گۇستاف مورلو 1876 – يىلى «ئەرۋاھ» ۋە « سالومېنىڭ ئۇسسۇلى» ناملىق ئىككى پارچە ماي بۇياق رەسىم سىزىپ ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن سالومېنىڭ مەڭگۈلۈك ئوبرازىنى ياراتتى . رەسىمدىكى زىيادە كۆپتۈرۈلگەن تەسۋىر ، شەھۋانىي قىياپەتلەر ۋە شەھۋەت ئۇرغۇپ تۇرغان چىرايلار «ئەسەبىيلىكى مەڭگۈ يوقۇمايدىغان ئايال ئىلاھ» ۋە «چەكسىز شەھۋەت» كە ۋەكىللىك قىلغانىدى . ۋىلدى « سالومې » دىراممىسىنى ئىجاد قىلغاندا ، سەنئەت شەكلىنى ئىسلاھ قىلىشنى توغرا تاپقان . «ئادەم ۋە نەرسىلەردە ئېنىق ئىپادە قىلىنغان جىمى نەرسىدىن خويمۇ بىزار بولدۇم . مەن سەنئەت ، تۇرمۇش ۋە تەبىئەتكە يۇشۇرۇنغان سىرلارغا تەلپۈنىمەن .» بۇ گەپلەر ۋىلدىنىڭ سەنئەتكە بولغان ئۆزگىچە تەلپۈنىشىنى مەرلەزلىك گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ . 1905 – يىلى گېرمانىيىلىك كومپوزىتور رىچارد سىتراۋس « سالومې » نى سەھىنىلەشتۈرگەندىن كېيىن ، « سالومې » دىراممىسىنىڭ داڭقى چىقىپ كەتتى . 1920 – يىلى تىيەن خەن « سالومې » نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇردى . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، شاڭخەي جوڭخۇا نەشرىيات ئىدارىسى تىيەن خەن تەرجىمە قىلغان « سالومې » دىراممىسىنى كىتاب قىلىپ نەشىر قىلدى . 1929 – يىلىغا كەلگەندە ، نەنجىڭدا سەھىنىگە ئېلىپ چىقىلىپ ، جۇڭگۇ يازغۇچىلىرى بىلەن تاماشىبىنلار ئارىسىدا كۈچلۈك غولغۇلا قوزغىدى .

«دورىيان گرېينىڭ پورتېرىتى» ناملىق بۇ ئەسەر ۋىلدىنىڭ بىردىنبىر رومانى بولۇپ ، ئىستېتىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ . بۇ ئەسەردە مۇنداق ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ : دورىياننىڭ قاملاشقان چىرايى رەسسام بازىل خالۋاردنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامى ۋە بەدىئىي تەسەۋۋۇرىغا زور ئىلھام بېرىدۇ – دە ، دورىياننىڭ پورتېرىتىنى ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت بىلەن سىزىپ چىقىدۇ . دورىيان گرېي ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز قاملاشقان چىراينىڭ رەسىمدە ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ ، ئاشۇ قاملاشقان چىرايىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرىپ سەتلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ، ھازىرقى مۇشۇ جەلىپكار قىياپىتىنىڭ ھامىنى يوقىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ چەكسىز ئىزتىراپ چېكىدۇ ۋە روھىنى ئالماشتۇرۇش بەدىلىگە ياشلىق باھارىنى ، قاملاشقان چىرايىنى ساقلاپ قېلىش ، چىرايىدىكى يىللارنىڭ ئىزناسى بولمىش قورۇقلارنى رەسىمىگە يۈكلەپ قويۇشتەك بىر ئىستەك كاللىسىغا كېلىدۇ . ئويلىمىغان يەردىن مۆجىزە يۈز بېرىپ ، ئۇنىڭ بۇ ئىستىكى راستىنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، لورد ھېنىرىنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا ، دورىيان مودا قوغلىشىپ ، راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇشقا بېرىلىپلا كېتىدۇ . خىيالىغا كەلگەننى قىلىدۇ ، ۋۇجۇدىدا ھېيىقىش ، خىجىل بولۇش دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ . ئۆزىنى ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالغان ياش ئارتىسىت قىز سىبىل ۋېيىنغا شەپقەتسىزلىك قىلىپ ، قىزنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ . دەسلەپتە سىبىلنىڭ ئۆلۈمىدىن يۈرىكى پۇچۇلىنىدۇ . لېكىن ، لورد ھېنىرىنىڭ «ياشلىق ئادەمگە باقىۋەندە ئەمەس ، ياشلىقىڭدا قانغۇچە ئويناپ – كۈلۈۋال» دېگەندەك گەپلىرىدىن تېزلا ئۆزگىرىپ ، غېمىدە يوق ئويناپ – كۈلۈپ ياشاۋېرىدۇ .

دورىياننىڭ نۇرغۇن دوسىتلىرىمۇ ئۇنىڭ چۈشكۈن ۋە شاللاقلىقى تۈپەيلى ، ئابرويى تۆكۈلۈپ ۋەيران بولىدۇ . رەسسام بازىل خالۋارد ئۇنىڭ بۇ چۈشكۈن قىياپىتىگە ئېچىنىپ ، ئۇنى قايتىدىن ئادەم بولۇشقا ئۈندەيدۇ . بۇنىڭدىن غەزەبلەنگەن دورىيان ئاچچىقىدا بازىلنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ۋە يەنە بىر دوستىغا تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇپ يۈرۈپ ، بازىلنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرگۈزۈپ ئىزىنى يوقۇتىۋېتىدۇ . ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كېتىدۇ . ئۇ شۇنچە يىل ئەيىش – ئىشرەت بىلەن ياشىغان بولسىمۇ ، لېكىن چىرايىدىن كەتمەي ، 20 ياش ۋاقتىدىكىدەك ياپياش تۇرىدۇ . ئەمما ئۇنىڭ پورتېرىتى خۇنۇكلىشىپ ، رەسىمنىڭ ئاغزى ئەتراپلىرىغا قورۇقلار چۈشۈشكە باشلايدۇ . ئاخىرىدا دورىيان رەسىمدىكى بەدبەشرە ھالىتىنى كۆرۈپ ، ئۆزىنىڭ تالاي جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ شاھىدى بولمىش بۇ رەسىمنى پىچاق بىلەن يىرتىپ تاشلىماقچى بولغاندا ، ئويلىمىغان يەردىن پىچاق ئۆزىنىڭ كۆكسىگە سانجىلىدۇ . دەل شۇ چاغدا ، رەسىم ئەسلىدىكى چىرايلىق ھالىتىگە قايتىپ قالىدۇ . بۇ روماننىڭ خاتىمىسى« سالومې » غا ئوخشاش بولۇپ ، ھەر ئىككىلىسى زوراۋانلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . خەنجەر دورىياننىڭ كۆكسىگە سانجىلغاندىن كېيىن ، روھى تېنىدىن ئاجرايدۇ ۋە ئەسلىدىكى قاملاشقان ، سۇمباتلىق تۇرۇقىدىن ئەسەر قالمايدۇ . شۇڭا ، ئالبېرت كاموسنىڭ : «ۋىلدى ، تۇرمۇشنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىگە شۇڭغىغاندىن ، سەنئەتنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىگە شۇڭغىغان ئەۋزەل ، دەپ قارايدۇ . ئۇ سەنئەت ئارقىلىق ئۆزۈمچىلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان مۇستەقىل تۇرمۇش ياراتماقچى بولىدۇ» دېيىشىمۇ بىكار ئەمەس .

روماندىكى باش پېرسۇناژ دورىيان گرېينىڭ چۈشكۈنلۈكى ۋە نامۇۋاپىق ھېسسىيات خاھىشى بىلەن ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى قائىدە – يوسۇنغا ، ئالىيجانابلىققا ئىنتىلىش ، مەدىنىي ، ئەدەبلىك بولۇش ئۆز ئارا توقۇنىشىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، روماندا يەنە «ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى – ئازغۇنلۇققا باش ئېگىشتۇر» دېگەندەك نۇرغۇن «سەپسەتىلەر» ئۇچرايدۇ . رومان يورۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلدى . لېكىن ، ۋىلدىنىڭ بۇ سۆزى بىر ئەسىردىن كېيىن ھەمجىنىس ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ ھېكمەتلىك سۆزىگە ئايلىنىپ قالدى . شۇڭا ، بۇ كىتابنى بەزىلەر بەچچىۋازلارنىڭ كىتابى دېسە ، بەزىلەر ، بۇ ئەخلاققا يات كىتاب ، ناشايان مەزمۇنلار بار ، دەپ قاراشتى . ئەمەلىيەتتە ، بۇ روماننى ئەستايىدىل ئوقۇپ كۆرگەندە ، روماننىڭ مەزمۇنىغا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن ئىبرەتلىك مىساللارنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ . خۇددى ھازىرقى زامان ئەدەبىي ئوبزورچى ۋېينار ۋېلكنىڭ ئېيىتقىنىدەك : «بۇ روماندا ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنى جازالايدىغان ئىبرەتلىك كارتىنىلار بار» . مەزكۇر روماندا باش پېرسۇناژ دورىيان گرېي ، رەسسام بازىل خالۋارد ۋە لورد ھېنىرى قاتارلىق ئۈچ شەخس ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئارقىلىق ، ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي تەبىئىتى ، شەھۋەتخورلۇق ، ئالىيجانابلىق ، رەزىللىك ، گۈزەللىك ، بەد- بەشرىلىك قاتارلىق ئېتىكىلىق ئۇقۇملار ھېسسىي رەۋىشتە نامايەن قىلىنغان . ئۇلارنىڭ ئاڭ قاتلىمىنىڭ قۇرۇلمىسىنى فروئىدنىڭ ئۈچ قاتلاملىق خاراكتېر نەزەرىيىسى بويىچە تەھلىل قىلىدىغان بولساق ، بۇ ئۈچ پېرسۇناژ ئەمەلىيەتتە ، دورىياننىڭ ئوخشىمىغان ئۈچ خىل روھىيى ھالىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ . بازىل خالۋارد ئۆزىدىن ھالقىش تىپىدىكى ئادەم . ئۇ ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل بولۇپ ، دورىياننى قەدىر – قىممەتلىك ياشاشقا ئۈندەيدۇ . لورد ھېنىرى بولسا ئۆزلۈكنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ ، «ئادەم ئاڭسىز ھايۋان ، ئادەم ئۆزىدىكى ياۋايى ئىستەكنى ئىنكار قىلغاچقا ، جازاغا مەھكۇم بولىدۇ » دەپ قارىغاچقا ، دورىياننى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئويناپ – كۈلۈشكە ، ياۋايى ئىستىكىنى ھەرۋاقىت يېتەرلىك قاندۇرۇپ تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ . دورىيان بولسا ئۆز تەبىئىتىگە نامۇناسىپ ئىش تۇتقان شەخىس ، ئۇنىڭ قەلبى قاملاشقان چىرايىدىن كۆتۈرۈۈلپ كەتكەن . ئۇ سۈرىدىغان ھوزۇرنى سۈرۈپ ، قىلىدىغان ئەسكىلىكىنى قىلىپ تويغاندىن كېيىن ، رەسىمدىكى بەدبەشرە تۇرۇقىدىن قورقۇپ ، رەسىمنى يىرتىپ تاشلىماقچى بولغاندا ، ئۆزى ھالاك بولىدۇ . رەسىم دورىيان جان ئۈزۈش بىلەن تەڭلا ئەسلىدىكى چىرايلىق ھالىتىگە قايتىدۇ . پورتېرىت بىلەن دورىياننىڭ ئۆلۈكى روشەن سېلىشتۇرما قىلىنغان بولۇپ ، بۇنى سەنئەت بىلەن ئەمەلىيەت ھاسىل قىلغان مىسىلسىز سېلىشتۇرما دېيىشكە بولىدۇ . قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان دورىيان بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى ، ئەمما پورتېرىت مەڭگۈ ساقلىنىپ قالدى . ۋىلدى ئىنتىلگەن «سەنئەت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . ھەتتا رېئاللىقنى ، پايدا – مەنپەئەتنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەن ئىستېتىكىلىق ئىدىيىسى روماندا تولۇق ئەكسىنى تاپقان .

(«دۇنيا ئەدەبىياتى»2010 – يىللىق 1 – ساندا ئېلان قىلىنغان)

]]>
?feed=rss2&p=10896 0
جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد ?p=10968 ?p=10968#respond Thu, 19 Apr 2012 03:22:42 +0000 ?p=10968 جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد

چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن قۇلچىلىق

زوڭ يۈنپىڭ

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

   ئالدىنقى كوڭزىچىلار ئېيتقان تېزىنى باسسا مېزى چىقىش- تۆۋەندىكىدىك ئىككى خىل دەۋرنىڭ ئايلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس: بىرى، قۇل بولاي دەپمۇ بولالماسلىق دەۋرى؛ ئىككىنچىسى، قۇللۇقتا ۋاقتىنچە مۇقىملىشىپ قېلىش دەۋرى. جۇڭگولۇقلارنىڭ قۇللۇقنىڭ تەمىنى ناھايىتى ئۇزۇن تېتىغاچقا، قۇللۇق كىشىنىدىن قۇتۇلۇشقا يەنىلا ئامالى بار. ئەمما قۇللۇق ئېڭىنى چۆرۈپ تاشلىشى ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس.

                                    1

   لۇشۈن مۇنداق دېگەن: «سىز مەيلى ئابرويپەرەسلىكنى ياخشى كۆرىدىغان ئالىملارنى قانچىلىك ماختاپ- ئۇچۇرۇڭ، تارىخ يازغاندا <خەنزۇلارنىڭ گۈللىنىش دەۋرى>، <خەنزۇلارنىڭ ئوتتۇرا گۈللىنىش دەۋرى> دېگەندەك ياخشى تېمىلارنى كىرگۈزۈڭ، بۇنى تامامەن ھېس قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما گەپ بەك ئەگىپ كېتىدۇ. بۇنى ئۇدۇللا مۇنداق دېيىش مۇۋاپىق. بىرى، قۇل بولاي دەپمۇ بولالماسلىق دەۋرى؛ ئىككىنچىسى، قۇللۇقتا ۋاقتىنچە مۇقىملىشىپ قېلىش دەۋرى. ئالدىنقى كوڭزىچىلار ئېيتقان تېزىنى باسسا مېزى چىقىش دەل مۇشۇنداق ئايلىنىشتۇر.»

شۇنداق. ئىلگىرىكىلەر: «تىنچ- ئاسايىش دەۋردە ئىت بولۇشقا رازىمەنكى، جەڭگى- جېدەل قاپلىغان قالايمىقان دەۋرنىڭ ئەزاسى بولمايمەن» دېگەن ئەمەسمۇ؟ بۇ دەل «قۇل بولاي دەپمۇ بولالمايدىغان دەۋر» دىكى كىشىلەرنىڭ «قۇللۇقتا ۋاقتىنچە مۇقىملىشىپ قېلىش دەۋرىدىكى» كىشىلەرگە بولغان بىر خىل ئىنتىلىشىدۇر. ئىلگىرى نەچچە ئەۋلاد قۇل بولغان كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇقلار يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان «جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكىسى، ئون نەچچە دۆلەتنىڭ قۇلى بۇلۇشى» سەۋەبلىك، قۇللۇقتا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى ۋە ئاڭسىز ھالدا قۇللۇق تۇرمۇشىدىن «گۈزەللىك» تېپىپ، قۇللۇق تۇرمۇشىنى مەدھىيلىدى، قوغدىدى ۋە ئۇنىڭغا مەستە- مۇستەغرەق بۇلۇپ كەتتى. ئەمما «خوجايىنى» موللاق ئېتىشى بىلەنلا قۇل بولۇش ۋىسالىغا يېتەلمەي، ئىلگىرىكى قۇللۇق تۇرمۇشىنىڭ ئارمىنىنى يېيىشتى؛ جاھاندا تىنىچ- ئاسايىشلىق ھۆكۈم سۈرسىلا، ھەتتا ئىت بولۇشقىمۇ رازى بولۇش خىيالىدا بۇلۇشتى.

«ھاۋا كۈندە ئوچۇق بولۇۋەرمەيدۇ، ئادەملەرنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ» دېگەندەك، قۇللارمۇ يەنە تەختىراۋانچى، مالاي دېگەندەك دەرىجىلەرگە ئايرىلىدۇ. ئەگەر شۇ قۇل قۇللۇق ئىچىدە تۇرۇپ يەنىمۇ يۇقىرىغا يامىشالىسا، «خوجايىنى» نىڭ ھەيۋىسىگە تايىنىپ ئۆزىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان قۇللارنى ئېزىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تولىمۇ مەغرۇر سانايدۇ. ئادەتتە «خوجايىن» نىڭ بېقىشىغا قاراشلىق قالغان يەنە بىر خىلدىكى قۇللار ئۆزىنىڭ «قۇللۇق» سالاھىيتىگە تايىنىپلا تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. جېجىياڭ، جىياڭسۇ تەرەپلەردىكى «گۇمرانلىققا يۈزلەنگۈچى» لەر ئەزەلدىن «ئاددىي خەلق» لەردىنمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. «مىللەتلەر باراۋەر بولۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئازاد قىلىش بۇيرۇقى چىقاردى. ئەمما «گۇمرانلىققا يۈزلەنگۈچىلەر» بۇنىڭدىن ئانچە خۇشال بولۇپ كەتمىدى. سەۋەبى- ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «قۇللۇق» ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن، خوجايىنىدىن ئىككىنچىلەپ تارتۇق ئالالماسلىقىدىن ئەنسىرەيتتى.

قىسقىسى، «قۇللۇق» دېگەن سۆز قۇلاققا چىرايلىق ئاڭلانمىسىمۇ، لېكىن شۇ قۇللۇق تۇرمۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزسىلا، بولۇپمۇ قۇللۇق قاتلىمىدا يۇقىرىراق مەرتىۋىگە ئېرىشەلىسە، مەڭگۈ خورلۇق، ئادالەتسىزلىك ھېس قىلمايدۇ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئىستىكىدىمۇ بولمايدۇ.

                              2

ھالبۇكى، ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرىدىغان ئادەم ئاخىر چىقتى. 30 يىل مۇقەددەم نۇرغۇن ئىنقىلابچىلار غۇلغۇلا قوزغاپ، مانجۇلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشقا ئىرادە قىلدى. ئەمما كاڭ يوۋېي پادىشاھلىق تۈزۈمىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

كاڭ يوۋېي نېمە ئۈچۈن ئىنقىلابنى قوللىماي، چىڭ پادىشاھلىقىنىڭ قۇلى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ؟ سەۋەب تولىمۇ ئاددىي: ئەگەر ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش غەلىبىگە ئېرىشىپ قالسا، كاڭ يوۋېي «بىر ئادەمگە باش ئۇرۇپ، پۈتكۈل خەلققە باش بولۇش» تىن ئىبارەت ئالىي دەرىجىلىك قۇلچىلىقنىڭ پەيزىنى سۈرەتتى. تولىمۇ ئەپسۇس، كۆپ ساندىكى قۇللار قوزغىلىپ پادىشاھلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇردى، چىڭ خاندانلىقى ئاخىرى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. شۇنىڭ بىلەن، كاڭ يوۋېينىڭ تاۋۇزى قولتۇقىدىن چۈشۈپ، قۇللۇق بەلگىسى بولمىش ئۆرۈمە چېچىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى.

ئەمما بىزگە سېلىنغان كىشەن يالغۇز بىرلا ئەمەس، مانجۇلارنىڭ كىشىنىدىن قۇتۇلغىنىمىز بىلەن جاھانگىرلارنىڭ بىزگە سالغان كىشىنىنىڭ تېخى بوشىغىنى يوق. شۇڭا سۇن جۇڭشەن ئەپەندى جان ئۈزۈش ئالدىدا: «ئىنقىلاب تېخى غەلىبە قىلمىدى. يولداشلار بەل قويۇۋەتمەي داۋاملىق تىرىشىشى كېرەك» دېگەن. لۇشۈن ئەپەندىمۇ ياشلارغا شۇنداق دەيدۇ: «جۇڭگو تارىخىدا ئەزىلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۈچىنچى خىل دەۋرنى يارىتىش ياشلارنىڭ زىممىسىدە.» «جۇڭگو تارىخىدا ئەزىلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۈچىنچى خىل دەۋر» ناھايىتى ئېنىقكى، «قۇل»، «خوجايىن» دەپ ئايرىلمايدىغان دەۋردۇر. ئەمما بىز ھازىر «ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ دۆلەت قۇرۇش» ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بىر ھېسابتا بۇمۇ بولغىنى.

                                3

جۇڭگولۇقلار قۇل بولۇشنىڭ تەمىنى ناھايىتى ئۇزۇن تېتىغاچقا، قۇللۇق كىشىنىدىن قۇتۇلۇشقا يەنىلا ئامالى بار، ئەمما قۇللۇق ئىدىيىسىنى چۆرۈپ تاشلىمىقى ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس. ئېيتىلىشىچە، جۇڭگو ھازىر يېرىم فېئوداللىق، يېرىم مۇستەملىكە جەمئىيىتىدە تۇرۇۋېتىپتىمىش. شۇڭا قۇللۇق ئىدىيىسىمۇ فېئوداللىق قۇللۇق ئىدىيىسى ۋە مۇستەملىكە قۇللۇق ئىدىيىسى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدىغاندەك قىلىدۇ. ئالايلۇق، كاڭ يوۋېي «سىياسىي قىزىقچىلىق» نى «مۇقەددەس» بىلىدۇ. مانا بۇ فېئوداللىق قۇللۇق ئىدىيىسىدۇر. يەنە بىر خىلى مۇستەملىكە قۇللۇق ئىدىيىسى بولۇپ، بۇنداق ئىدىيىدىكىلەر خوجايىنىنىڭ ئۇلۇغلىقىنىلا كۆرۈپ، ئۆز قۇدرىتىگە ئىشەنمەيدۇ؛ باشقىلارغا تايىنىپ ئازراق پايدا ئېلىشنىلا ئويلايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئىنقىلابنىڭ كېرىكى يوق. پەقەت ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ سادىق قۇل بولسىلا، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.

جۇڭگو تارىخىدا ئەزىلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۈچىنچى خىل دەۋرنى يارىتىمىز دەيدىكەنمىز، قۇللۇق ئىدىيىسىنى ئۈزۈل- كېسىل يوقاتمىساق بولمايدۇ. بولمىسا، مەيلى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى بولسۇن، مەيلى داڭلىق پىروفېسسور بولسۇن، ھەتتا «ئىنقىلاب دىپلوماتى» دەپ ئاتالغۇچىلار بولسۇن، ئۇلار قانچىلىك ئالىيجاناب، قانچىلىك بۈيۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ سەلتەنىتىدىن ئايرىلسا، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى- بەشرىسىنى مانا مەن دەپ ئاشكارىلايدۇ. بۇمۇ قۇللۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

(زوڭ يۈنپىڭنىڭ «قۇل» دېگەن ئەسىرىدىن 1940- يىل 10- ئاي)

«تەقرىز»

جۇڭگو ئەنئەنىۋى خاراكتېر ئالاھىدىلىكى بولغان ياكى خوجايىن بولۇش، ياكى قۇل بولۇشتىن ئىبارەت «قۇلدارلىق- قۇللۇق ئېڭى» كىشىلەرنىڭ ئۈگە- ئۈگىسىگىچە سىڭىپ كەتكەن. جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە ئادەملەرنىڭ دەرىجىسى ئەزەلدىن ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ تەڭرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن. قۇللارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىدىن مەقسەت- ئۆزى خوجايىن بولۇپ، باشقىلارنى قۇل قىلىشتۇر.

ئەگەر «ئىنقىلاب» نىڭ مەقسىتى ھەممە ئادەم باراۋەر بولىدىغان ئەركىن، دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىش بولماستىن، ئەكسىچە زوراۋانلىققا زوراۋانلىق قىلىش، ئەزگۈچىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئۆزى ئەزگۈچى بولۇۋېلىش بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇنداق «ئىنقىلاب» مۇستەبىتلىكنىڭ قولچۇمىقىدىن باشقا نەرسە بولمايدۇ، خالاس. بۇنداق ئىنقىلابنى قىلغاندىن قىلمىغان تۈزۈك!

«جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

(بۇ ئەسەر «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر» مۇنبىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان)

]]>
?feed=rss2&p=10968 0
لۇشۈن: «ئادەملەر» نىڭ ئاتىسى بولايلى ?p=10965 ?p=10965#respond Fri, 30 Mar 2012 03:21:36 +0000 ?p=10965 جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد

-«ئادەملەر» نىڭ ئاتىسى بولايلى

لۇشۈن

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

جۇڭگولۇقلارنىڭ پەرزەنتىلىرى پەقەت تۇغۇلسىلا بولدى، ئەمما ئۇنىڭ ياخشى ياكى يامان ئادەم بولۇشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. نوپۇسى كۆپ بولسىلا بولدى، ئەمما ئۇنىڭ ياراملىق ياكى يارامسىز ئادەم بۇلىشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرزەنتلەر توپا- چاڭلاردا ئېغىناپ چوڭ بۇلىدۇ. كىچىكىدە ئۇلارغا قانداق ئادەم بۇلۇش تەربىيىسى بېرىلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن چوڭ بولغاندا ئۇلارنى تېخىمۇ ئادەم قىلغىلى بۇلىدۇ.

يەن يوۋلىڭ ئەپەندىنىڭ قايسىدۇر بىر كىتابىدىن ئوقۇغان مۇنۇ مۇلاھىزىلىرى زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. مۇلاھىزىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق: «بېيجىڭ كوچىلىرىدا ماشىنا، ئات تۇياقلىرىنىڭ ئارىسىدا چېپىشىپ يۈرگەن نۇرغۇن بالىلارنى كۆرىمەن. ئۇلارنى قاچان بىر ماشىنا ياكى ئات ھارۋىسىنىڭ ئاستىدا قالاركىن دەپ كۆزۈم تۆت. ئۇلار كەلگۈسىدە قانداقراق ئادەم بولار، دەپ تولىمۇ ۋايىم يەيمەن.» ئەمەلىيەتتە باشقا يەرلەردىمۇ شۇنداق. ئەمما ماشىنا ۋە ئاتلار ئۇنچىلىك كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. بېيجىڭدىكى بۇ ئەھۋالنىڭ ھېلىھەم ئۆزگەرگىنى يوق، بەزىدە مەنمۇ مۇشۇنداق ئەندىشىلەرگە غەرق بولىمەن. يەنە بىر تەرەپتىن يەن يوۋلىڭ ئەپەندىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىچىدىكى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆتكۈر پىكىرلىكىگە قايىل بۇلىمەن.

كەمبەغەللەرنىڭ پەرزەنتىلىرى بەتبەشىرە ھالەتتە كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرىدۇ. بايلارنىڭ پەرزەنتىلىرى ئۆيدىن سىرتقا چىقماي خانزادىلەردەك ياشايدۇ. چوڭ بولغاندا ئاتىلىرىغا ئوخشاش جەمئىيەتتە لاغايلاپ يۈرىدۇ.

شۇڭا 10ياشلار چامىسىدىكى بالىلاردىن چوڭلارنىڭ 20يىلدىن كېيىنكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بۇلىدۇ؛ 20ياشلار چامىسىدىكى ياشلاردىن (ئۇلارنىڭ ئالدى پەرزەنت يۈزى كۆرۈپ، دادا بولغان) ئۇلارنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرىنىڭ ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى، چوڭلارنىڭ 50-60يىللاردىن كېيىنكى ھالىتىنى بىلگىلى بۇلىدۇ.

جۇڭگولۇقلارنىڭ پەرزەنتىلىرى پەقەت تۇغۇلسىلا بولدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ياخشى ياكى يامان ئادەم بۇلۇشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ؛ نوپۇسى قانچە كۆپ بولسىلا بولدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ياراملىق ياكى يارامسىز ئادەم  بۇلۇشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. ئۇلارنى تاپقان ئاتا- ئانىسى ئۇلارنى تەربىيلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدۇ. «نوپۇسى كۆپ» دېگەن بۇ گەپكە كۆزنى يۇمۇپلا بولدى قىلغان بىلەن، ئاشۇ نۇرغۇن نوپۇس توپا چاڭلاردا ئېغىناپ چوڭ بۇلىدۇ. كىچىكىدە ئۇلارغا قانداق ئادەم بۇلۇش تەربىيىسى بېرىلمەيدۇ. چوڭ بولغاندا بولسا، ئۇلارنى تېخىمۇ ئادەم قىلغىلى بولمايدۇ.

جۇڭگودا بالدۇر ئۆيلىنىشمۇ ئامەت، ئوغۇل كۆپ بۇلۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئامەت ھېساپلىنىدۇ. بالىلار كەلگۈسىدىكى «ئادەم» بۇلۇشنىڭ بېخى بولماي، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئامەتلىك بۇلۇشىنىڭ كوزېرى بولغاچقا، خالىغانچە ئېغىناپ چوڭ بۇلىدۇ، ئۇلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. ئۇلارنى ئاندا- ساندا ئوقۇللارغا ئاپىرىپ بەردى دېگەنمۇ، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلىۋى ئادەتلەر، ئېرى ۋە جورىسىنىڭ مىجەزى كۆپىنچە تەلىم- تەربىيە بىلەن مۇخالىپ بۇلۇپ قالىدۇ- دە، ئۇلارنى يەنىلا دەۋر بىلەن ماسلىشالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئۇلارمۇ چوڭ بۇلۇپ قاتارغا قوشۇلغاندىن كېيىن، «ئادەملەر» گە ئاتا بولماستىن، بەلكى توختىماي بالا ئىشلەپچىقىرىغان ئەبلەخلەرگە ئايلىنىدۇ. ئۇلار بالا تېپىشنىلا بىلىدۇ، ئەمما بالىسنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بۇلۇشى ھەققىدە ئويلانمايدۇ.

ئاياللارنى ئەڭ كۆزگە ئىلمايدىغان ئاۋىسترىيىلىك ئوتتو ۋېيىنىنگىر (otto weininger) ئاياللارنى «ئانا بۇلىدىغان ئايال» ۋە «پائىشە ئايال» دەپ ئىككى خىلغا بۆلگەن. مۇشۇ بويىچە ئايرىغاندا، ئەرلەرنىمۇ «ئاتا بولىدىغان ئەر» ۋە «پائىشۋاز ئەر» دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بۇلىدۇ. بىرى، بالىلارنىڭ ئاتىسى؛ ئىككىنچىسى، «ئادەملەرنىڭ» ئاتىسى. بىرىنچى خىلدىكى ئەرلەر پەقەت بالا تېپىشنىلا بىلىدۇ، ئەمما قانداق تەربىيلەشنى ئۇقمايدۇ ھەم ئازراق ئائىشۋازلىق ئالامەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇلىدۇ. ئىككىنچى خىلدىكى ئەرلەر بالا تاپقاندىن كېيىن، ئاشۇ بالىسىنى قانداق تەربىيلەش ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. نەتىجىدە شۇ بالا كەلگۈسىدە مۇكەممەل بىر ئادەم بۇلىدۇ.

ئالدىنقى چىڭ سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا مەلۇم بىر ئۆلكىدە تۇنجى دارىلمۇئەللىمىن ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلىغان بىر ياش ئەپەندىم تولىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلغان ۋە غەزەپلەنگەن ھالدا: «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغىنى قانداق ئىش. شۇنىڭغا قارىغاندا ئەمدى ئاتىلار مەكتىپىمۇ ئېچىلىدىغان ئوخشايدۇ» دېگەن. بۇ ئەپەندىم ئاتىنىڭ مەسئۇلىيتىنى پەقەت بالا تېپىش دەپ قارايدىغان ئوخشايدۇ. بالا تېپىشنى ھېچكىم ئۆگەتمىسمۇ تەبىئىيلا يۈز بېرىدىغان ئىشقۇ. بۇ جەھەتتە تەربىيلىنىشنىڭ يەنە نېمە ھاجىتى. لېكىن جۇڭگو ھازىر ئاتىلار مەكتىپىنىڭ ئېچىلىشغا تولىمۇ مۇھتاجدەك قىلىدۇ. ئەگەر شۇنداق مەكتەپ ئېچىلسا بۇ ئەپەندىمنى بىرىنچى سىنىپقا كىرگۈزۈپ قويسا بولغۇدەك.

چۈنكى دۆلىتىمىز جۇڭگودا ئىتنىڭ بېشىغا ئۇرسا بالىلارنىڭ دادىسى. شۇڭا كېيىن «ئادەملەر» نىڭ ئاتىسىنى يېتىشتۈرمىسەك بولمايدۇ.

لۇشۈننىڭ «ئەدەبىي خاتىرىلەر» نىڭ 25- چىسى، 1918-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى

«تەقرىز»

«ھازىر بېيجىڭغا بارسىڭىز، يەنىلا ئاتام ئېيتقان بايىقىدەك ئەھۋالنى ئۇچرىتىسىز.» لۇشۈن بۇ گەپنى 1918-يىلى ماقالىسىدە ئېيتقان. ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىز يەنىلا «ھازىر بېيجىڭغا بارسىڭىز يەنىلا ئاتام ئېيتقان بايىقىدەك ئەھۋالنى ئۇچرىتىسىز» دېگەن گەپنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمىز.

بېيجىڭنىڭ كۆكتات بازىرىغا بارسىڭىز، 3-4ياشلاردىكى بالىلارنىڭ پاسكىنا جايلاردا، كۆكتات شۆپەكلىرىنىڭ ئارىسىدا ئويناپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىسىز. يېقىن ئەتراپتىكى بىر رېمونتخانىغا تېلىۋىزۇرۇمنى رېمونت قىلغىلى ئاپارسام، كونا ئېلېكتىر سايمانلىرى بولۇشىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان ئۆيدە چۆچۈرىدەك ئۈچ بالا قىستىلىشپ ياتىدۇ. بېيجىڭنىڭ يەر ئاستىلىرىدا، بىر قەۋەتلىك زومچەك- زومچەك ئۆيلەردە دەرىجىدىن تاشقىرى پارتىزانلارچە ياشايدىغان كىشىلەرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. يۇرتىڭىزغا بارماي- بارماي بىر بېرىپ قارىسىڭىز، ئىلگىرى تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ بىللە ئوينىغان دوستلىرىڭىزنىڭ چوڭ بۇلۇپ ئۆي ئوچاقلىق بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، ئىككى ئۈچ بالىنىڭ ئاتا- ئانىسى بۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز. بەزى بالىلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا بىر بولسا ئۆيدە لاغايلاپ يۈرۈپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ، بىر بولسا ياقا- يۇرتلارغا بېرىپ مەدىكارچىلىق قىلىدۇ. قىزلىرى بولسا ساتىراشخانا خېنىمى بۇلىدۇ. مۇشۇلارنى كۆرسىڭىز ئىچىڭىزنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك تۇيغۇدا بۇلىسىز. شۇنچە بالىلارنى تاپىمىز- يۇ، يەنە ئۇلارغا قانداق ئادەم بۇلۇش تەربىيىسى بەرمەيمىز. بۇنداق تەربىيە كۆرمىگەن «نوپۇس» نىڭ كۆپەيگىنىنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئۇلار ھەتتا لۇشۈن ئېيتقان «ئادەملەر» نىڭ ئۆلچىمىگىمۇ توشمايدۇ.

«ئاتىلار مەكتىپى» ئېچىلغان تەقدىردىمۇ، مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسى بولمىسا، كونا ئىدىيە سېستىمىسى تېڭىلسا ۋە بۇلغانغان مائارىپ ئىدىيىسى بىلەن كىشەنلەنسە، بىزنىڭ «ئادەملەر» نىڭ ئاتىسىنى يېتىشتۈرۈش ئارزۇيىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشمىقى يەتتە تاغنىڭ نېرىسىدىكى ئىش بۇلۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.

«جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

(بۇ ئەسەر «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر» مۇنبىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان)

 

]]>
?feed=rss2&p=10965 0
كارل يۇڭ: پىسخولوگىيە ۋە ئەدەبىيات ?p=10612 ?p=10612#comments Tue, 10 Jan 2012 09:18:58 +0000 ?p=10612 پىسخولوگىيە ۋە ئەدەبىيات

 

كارل گۇستاف يۇڭ

ئىمىن ئەخمىدى تەرجىمىسى

«غەرب ئەدەبىيات- سەنئەتكە دائىر مەشھۇر نەزەرىيىۋى ماقالىلەردىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

پىسخولوگىيىنى پىسخىك جەرياننى تەتقىق قىلىش سۈپىتىدە ئەدەبىياتنى تەتقىق قىلىشتىمۇ قوللىنىشقا بولىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئادەمنىڭ پىسخىك مىجەزى بارلىق پەن ۋە سەنئەتنى تەۋەللۇت قىلىدىغان ئانا گەۋدە. بىز بىر تەرەپتىن، بەدىئىي ئەسەرنىڭ شەكلىنى پىسخىك تەتقىقات ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئادەمنى بەدىئىي ئىجادىيەت كۈچىگە ئىگە قىلىدىغان ھەر خىل ئامىلنى مۇشۇ ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشىمىز. شۇڭا پىسخولوگىيە مۇستەقىل، ئۆزئارا پەرق قىلىدىغان بۇ ئىككى ۋەزىپە بىلەن روبرو بولۇشى ھەمدە ئۇلارنى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلغا تايىنىپ كۆزىتىشى لازىم.

بەدىئىي ئەسەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز كۆزەتمەكچى بولغان نەرسە بىر خىل مۇرەككەپ پائالىيەتنىڭ مەھسۇلى، بۇ خىل مەھسۇلاتتا روشەن مۇددىئا ۋە ئاڭلىق شەكىل بولغان بولىدۇ. ھالبۇكى، سەنئەتكار ئۈچۈن ئالغاندا بىزنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنىمىز پىسخىك قورۇلمىنىڭ ئۆزى. ئالدىنقى ئەھۋالدا بىز مەلۇم ئېنىق بەلگىلەنگەن كونكرېت بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتنى پىسخولوگىيە جەھەتتىن تەھلىل قىلىشنى سىناپ بېقىشىمىز كېرەك. كېيىنكى ئەھۋالدا بولسا جانلىق، ئىجادچانلىققا باي ئىنساننى بىر خىل پەۋقۇلئاددە ئىندىۋىدۇئاللىق تەرىقىسىدە بەكرەك تەتقىق قىلىشىمىز زۆرۈر. بۇ ئىككىسى زىچ مۇناسىۋەتلىك، ھەتتا بىر-بىرىگە تايىنىدىغان تۇرۇقلۇق ھېچكىممۇ بىزنى ئۇلار ئۈستىدە ئىزدەۋاتقان چۈشەنچە بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. بەدىئىي ئەسەر ئارقىلىق سەنئەتكار ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىش ياكى ئەكسىچە سەنئەتكار ئارقىلىق بەدىئىي ئەسەر ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىش ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس، مۇنداق خۇلاسىنىڭ مۇتلەق بولالىشى ناتايىن. ئۇ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئارانلا ئېھتىماللىق دائىرىسىدىكى پەرەز ياكى ئۇدۇل كېلىپ قالغان تەسەۋۋۇر خالاس. گىيۇتى بىلەن ئانىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىلىش فائۇستنىڭ: «ئانىلار، ئانىلار! بۇ ئاڭلىماققا نەقەدەر غەلىتىلىك- ھە!» دەپ توۋلاپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشىمىزغا ئازدۇر-كۆپتۇر ياردەم بېرەلەيدۇ. لېكىن، گەرچە بىز گىيۇتىنىڭ جىسمىدىن بۇ ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا ناھايىتى چوڭقۇر باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى خاتاسىز ھالدا ھېس قىلالىساقمۇ، ئۇ بىزنى گىيۇتىنىڭ ئانىسىغا بولغان تىۋىنىشقا كۆرە قانداقلارچە فائۇستتىكى دىرامماتىك گەۋدىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ھەققىدە يېتەرلىك ئۇقۇمغا ئىگە قىلالمايدۇ. ئوخشاشلا، ئۇنى ئەكس تەرەپتىن پەرەز قىلىپمۇ ئۇنچە كۆپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيمىز. نىبورونگىن ياشىغان قەھرىمانانە شىجائەتكە تولغان ئەرلىك دۇنياسى بىلەن ۋاگىنېرنىڭ جىسمىدىكى مەلۇم زەيپانە ئاياللىق مىجەز ئارىسىدا ھەقىقەتەن بەزى يوشۇرۇن باغلىنىش مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لىېكىن «نىبورونگىننىڭ ئۈزۈكى» دىگەن ئەسەردىكى ھېچقانداق نەرسە بىزنىڭ ۋاگىنېر تاساددىپىي يوسۇندا ئاياللارنىڭ كىيىمىنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ پاكىتنى جەزملەشتۈرۈشىمىزگە ۋە پەرەز قىلىشىمىزغا ھەمدەم بولالمايدۇ.

پىسخولوگىيەنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى تېخى بىزنىڭ بىرەر پەن چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك دەپ ئارزۇ قىلغان مۇنتىزىم سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزالىشىمىزغا يول قويمايدۇ. بىز پەقەت پىسخىكىلىق- فىزىئولوگىيەلىك ئىنكاستىن ئىبارەت مۇشۇ ساھەدىلا سەۋەب- نەتىجە كۆز قارىشىدىن ئىشەنچىلىك رەۋشتە پايدىلىنالايمىز. پىسخولوگىيە ئالىمى يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى روھىيەت تۇرمۇشىنى قاندۇرالايدىغان نۇقتىدا تۇرۇپ ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، تېخىمۇ مۇرەككەپلىككە ئىگە قاتلامدا تۇرۇپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەتراپلىق بايان قىلىشى، چىگىش يوللارنى جانلىق تەسۋىرلىشى لازىم. مۇشۇنداق قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇ ھەر قانداق بىر پىسخىك جەرياننى يەككە ھالدا ئابىستىراكىت ئورۇنغا قۇيۇشتىن، ئۇنى بىر خىل «مۇقەررەر» جەريان دەپ سېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئەگەر ئەمەلىي ئەھۋال مۇنداق بولمىسا، ئەگەر پىسخولوگ راستىنلا بەدىئىي ئەسەرنىڭ ئىچكى قىسىمى بىلەن بەدىئىي ئىجادىيەت جەريانىدىكى سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنى تاپقان بولسا، ئۇ چاغدا ئۇ بەدىئىي تەتقىقاتنى ئۆزىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش نۇقتىسىدىن مەھرۇم قىلغان بولىدۇ. ئۇنى ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان پەندىكى مەخسۇس بىر تارماق ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

  ئەلۋەتتە، پىسخولوگىيە ئالىمى مۇرەككەپ پىسخىك ھادىسىلەر ئىچىدىن سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلىدىغان تەشەببۇستىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ. چۈنكى مۇنداق ۋاز كېچىش پىسخولوگىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبلىرىنى ئىنكار قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ، لىكىن ئۇ بۇ تەشەببۇسنى ئەڭ مۇكەممەل مەنا يېقىدىن ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. چۈنكى ئىنسان ھاياتىنىڭ (سەنئەت قوينىدا ئۆز ئىپادىسىنى ئەڭ تولۇق نامايان قىلغان) ئىجادكارلىق تەرىپى ئىدراكىي فورمۇلا تىكلىمەكچى بولغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇشنى مەغلۇپ قىلىدۇ. غىدىقلاشتىن كېلىدىغان ھەر قانداق ئىنكاسنى سەۋەب-نەتىجە تەرىپىدىن چۈشەندۈرۈشكە بولسىمۇ، بىراق ئىجادكىرانە پائالىيەت بىلەن نوقۇل ئىنكاس قايتۇرۇش پۈتۈنلەي قارىمۇقارشى بولۇپ چىقىدۇ، ئۇنى ئىنسانلار ئەبەدىلئەبەد چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ. بىز پەقەت ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىلىنىلا، يەنى ئۇنىڭ گۇڭگا ھالدا ھېس قىلىنىش مۇمكىنلىكىنى، ئەمما تولۇق ئىگەللەش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنىلا بايان قىلالايمىز. شۇڭا پىسخولوگىيە بىلەن بەدىئىي تەتقىقات مەڭگۈلۈك رەۋىشتە بىر-بىرىنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولىدۇ. بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى ئاجىزلىتالمايدۇ. پىسخىك ھادىسىلەرنى پەرەز قىلىشقا بولىدىغانلىقى __ پىسخولوگىيىدىكى مۇھىم ئاساسى قائىدە. پىسخىك مەھسۇلات بەدىئىي ئەسەر ياكى سەنئەتكارنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئۇ مەلۇم ئەركىن نەرسە. بۇمۇ بەدىئىي تەتقىقاتتىكى مۇھىم ئاساسىي قائىدە. بۇ ئىككىسى ئۆزئارا نىسپىي بولغىنىغا قارىماي پۈتۈنلەي نىسپىي ئەھۋال.

داۋامى بار(ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ)

مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 1- سان

]]>
?feed=rss2&p=10612 10
ئەركەك يازغۇچى ئېرنېست ھېمىڭۋاي ?p=10211 ?p=10211#respond Thu, 06 Oct 2011 06:14:55 +0000 ?p=10211 ئەركەك يازغۇچى ئېرنېست ھېمىڭۋاي

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

ھەر يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىداخو شىتاتى ۋە باشقا بىر قىسىم جايلىرىدا كىشلەر بېلىق تۇتۇش پائالىيىتى ئارقىلىق 20-ئەسىردە ئامېرىكا ئەدەبىيات تارىخى ۋە دۇنيا ئەدەبىيات سەھنىسىدە زور شۆھرەتكە ئىگە ئېرىشكەن بىر ئۇلۇغ يازغۇچىنى خاتىرلەيدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسىنىپ، چىراي –شەكلىنى ئۇنىڭغا ئوخشاش ياساپ، بۇ يازغۇچىغا بولغان ھۆرمىتە ۋە قايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن يەرلەردە .ۇنىڭ بىرەر ئەسىرىنى ئوقۇپ باقمىغانلارمۇ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ شۆھرەتلىك مۇنبىرىدە مۇشۇنداق بىر يازغۇچىنىڭ ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. 1961-يىلى ئۇ ۋاپات بولغاندا ئاقساراي، كرېمىل سارىيى ، ۋاتىكان ۋە ئىسپانىيىنىڭ تورىئادۇرلۇق مۇسابىقىسى مەيدانى قاتارلىق جايلاردا بۇ يازغۇچىنىڭ ۋاپاتىغا ئالاھىدە تەزىيە بىلدۈرگەن. ھازىرغىچە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىدىن سكوت دونالدسون، كارلوس بېيكىر قاتارلىقلار مەخسۇس مۇشۇ يازغۇچى توغرىسىدا نەچچىلىگەن كىتابلارنى يازغان. ”شۇنىسى ئېنىقىكى ۋاپات بولىدىغان چاغدا ئۇ ئاللىبۇرۇن بىر يازغۇچى، بىر ئەدىب سۈپتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ بىر جامائەت ئەربابى سۈپتىدە كىشلەرگە تونۇلۇپ بولغانىدى“ دەپ يازىدۇ ئامېرىكىلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى سكوت دونالدسون. مانا مۇشۇنداق شۆھرەتلەرگە، يۇقىرى باھالارغا ئېرىشكۈچى دەل ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى، ”گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد “ ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى ئېرنېست ھېمىڭۋاي.

ئېرنېست ھېمىڭۋاي 1899-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چىكاگو شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر كاۋچوكزارلىقتا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى كلارون ھېمىڭۋاي دوختۇر بولۇپ، ئوۋچىلىق ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئامراق ئىدى؛ ئاپىسى سەنئەتكە ھەۋەس قىلاتتى. ناخشا ئېيتىيالايتتى. ئائىلىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ھېمىڭۋايدا كىچىكىدىنلا ئوۋ ئوۋلاش، بېلىق تۇتۇش، بوكسىيورلۇق، مۇزىكا ۋە رەسىمگە كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولدى. 1917-يىلى ھېمىڭۋاي كاۋچوكزارلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈردى؛ ھەربىي سەپكە ئۆتۈپ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، كۆزى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارزۇيىغا يېتەلمىدى ۋە نائىلاج كانزاس شەھرىدە چىقىدىغان « يۇلتۇز» گېزىتىسە پراكتىكانت مۇخبىر بولۇپ ئىشلىدى. گېزىتنىڭ ماقالە ئىشلىتىش ئۆلچىمى بويىچە، يېزىلغان خەۋەرلەر، ماقالىلەر قىسقا يېزىلىشى؛ بىرىنجى ئابزاستا چوقۇم ئەينى بىر مەزمۇن جانلىق، ئوبرازلىق تىللار بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك ئىدى. بۇ بىر مەزگىللىك ۋاقىت ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇخبىرلىق ھاياتى ھېمىڭۋاينىڭ ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە «تېلگىرامما شەكىللىك  ئەسەر يازغۇچى» دەپ نام ئېلىشىدا ئالاھىدە رول ئوينىدى. بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆزى خالدپ « قۇتقۇزۇش ئەتىرىتىنىڭ شوپۇرى» سالاھىيىتى بىلەن بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياۋروپاغا باردى. 1918-يىلى ئىتالىيە ئۇرۇش مەيدانىدا ئېغىر يارىلاندى. تاشقى كېسەللەر دوختۇرىنىڭ سىتاتسىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ بەدىنىدىن 237 تال ئوق پارچىسى چىققان. ئەنە شۇنداق ھايات-ماماتلىق پەيىتتىمۇ ھېمىڭۋاي خەتەرگە قارىماي، يارىسى ئۆزنىڭكىدىن ئېغىر بىر سەپدىشىنى يۈدۈپ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە ئېلىپ بارغان. يولدا پىلموتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان. ئۇرۇشتىكى مۇشۇ قەھرىمانلىقى ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ كرېست شەكىللىك كۈمۈش ئوردىنىغا ئېرىشكەن. ھېمىڭۋاينىڭ مۇشۇ ۋاقىتتىكى مۇناسىۋەتلىك سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ھېسىياتى“ ياقا يۇرتتا“، ”سىلەر بۇنداق قىلماڭلار“ ھېكايىلىرىدە روشەن ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھېمىڭۋاي پارژدا ئولتۇراقلىشىپ يېزىقچىلىق قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى؛ ئامېرىكا يازغۇچىسى شىردۇن ئازدېرسوننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكېلىق شائىر ئېزا پوند، شائىرە گېدرۇد ستېيىن بىلەن تونۇشتى. بۇ ئىككى شائىر ھېمىڭۋايغا نۇرغۇن يول كۆرسەتتى ۋە ئۇنى ئەدەبىي جەھەتتە يېتەكلىدى. ئۇنىڭ ”گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد» نىڭ ۋەكىلى بولۇپ قېلىشىدا گېدرۇد ستېيىننىڭ تەسىرى چڭقۇر. بىر قېتىملىق سۆھبەتتە گېدررۇد ستېيىن ھېمىڭۋايغا : «سىلەر ھەممىڭلار گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد“ دېگەن. ھېمىڭۋاي كېيىن ستېيىننىڭ بۇ سۆزىنى ”قۇياش يەنە چىقىدۇ“ (1926) دېگەن مەشھۇر رومانىدا ئېپىگراف ئورنىدا ئىشلەتكەن. 20-.ەسىرنىڭ 20-يىللىرى دەل يېڭى بىر ئەۋلاد ئامېرىكا يازغۇچىلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان دەۋر ئىدى. يېشى پەرقلەنسىمۇ، لېكىن بۇ يازغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ھېسىيات جەھەتتە .ورتاقلىق بار ئىدى، چوڭ يازغۇچىلار بىلەن چىقشالمايتتى. 1926-يىلغا كەلگۈچە ئۇلاردا .ورتاق بىر ئېقىم، ئورتاق بىر ئېتقاد ۋە ئەدەبىي پرىنىسىپ شەكىللەنمىدى. ئۇلار ئەسەرلىرىدە ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گاڭگخراشلىرى، چۈشكۈنلۈك، گمراھلىق تۇيغۇسى بىلەن تولغان روھىي دۇنياسىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرگەنىدى. بۇ يازغۇچىلارنىڭ باشلامچىسى ۋە ئەڭ داڭلىقى ئېرنېست ھېمىڭۋاي ئىدى. ئۇنىڭ “ قۇياش يەنە چىقىدۇ“ دېگەن رومانى شۇ دەۋردىكى “ گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد “ ئەدەبىي ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئىجادىيەت مايىللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر ئەسەر. بۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ھېمىڭۋاي “ ئۈچ ھېكايە ۋە ئون شېئىر“ دېگەن توپلىمىنى ئېلان قىلدۇرغان. توپلامدىكى شېئىرلاردا ئانچە تەم بولمىغىنى بىلەن، ھېكايىلەردە ئاپتورنىڭ ئۆزىگە خاس بەدىئىي تالانتى نامايەن بولۇپ تۇراتتى. 1926-يىلى “ قۇياش يەنە چىقىدۇ“ دېگەن رپمانىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ھېمىڭۋاينىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئورنىنى تىكلەپ بەردى. 1927-يىلى ئۇنىڭ ”بويتاق ئەرلەر“ دېگەن ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنىدى. 1929-يىلى ”ئەلۋىدا، قورال“ دېگەن رومانى نەشىر قىلىندى. ھېمىڭۋاينىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى شۆھرەتلىك ئورنى مۇشۇ روماننىڭ نەشىر قىلىنىشى بىلەن تىكلەنگەن. مۇشۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنىشتىن بىر يىل بۇرۇن، يەنى 1928-يىلى ھېمىڭۋاي پارژدىن كېيۋېستىقا كۆچۈپ كەتتى؛ شۇ يىلى ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئوغلىدىن تۇغۇلغان پاترىك تۇغۇلدى، 1932-يىلى يازغۇچىنىڭ ئىسپانىيىدىكى تورېئادۇرلۇق مەيدانى ۋە كالا سوقۇشتۇرۇش توغرىسىدىكى كىتابى ”ۈشتىن كېيىنكى ئۆلۈم“ نەشىر قىلىندى. 1933-يىلى ئۈچىنچى ھېكايىلەر توپلىمى ”قۇرۇق قول غالىبىيەتچى“ نەشىر قىلىندى. 1935-يىلى يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئافرىقىدىكى ئوۋچىلىق پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى كىتابى “ يېشىللىققا پۈركەنگەن ئافرىقا تاغلەرە“ دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ جەرياندىكى ھەققىي مۇۋەپپەقىيىتى ”فرانسىس ماكومبېرنىڭ بەختلىك ھاياتى“ ۋە ”كىلمانجارودىكى قار“ دېگەن ئىككى مەشھۇر ھېكايىسىدە ئەكس ئېتىدۇ.يازغۇچىنىڭ 1937-يىلى نەشىر قىلىنغان ”بايلار ۋە يوقسۇللار “ دېگەن رومانى ئۇنىڭ فلوردادىكى كېيىۋېستتا تۇرۇۋاتقان ۋاقتىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان دىققەت-ئېتبارى، شۇنچە تىرشىپمۇ جەمئىيەتتىن چىقىش يولى تاپالمىغان بەختسىزلەرنىڭ تەقدىرى يېزىلغان. 1936-يىلى ئىسپانىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىدى. بۇ جەرياندا ھېمىڭۋاي ئىسپانىيەگە ئىككى قېتىم باردى. ۋە مۇخبىر بولۇپ ھۆججەتلىك فىلىم ”ئىسپانىيە تۇپرىقى“ نىڭ سىنارىيەسىنى يېزىشقا قاتناشتى ھەم فىلىمدا رول ئوينىدى. يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ چوققىسى ھېسابلىنىدىغان ”ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟“ (1940) دېگەن نادىر رومانىدا دەل مۇشۇ قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش ئەكس ئەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھېمىڭۋاي باشتىن –ئاخىر ۋاقتىنى ئۇرۇش قاينىمىدا ئۆتكۈزدى. 1942-يىلى مەردانلىىك بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە ئۆزىنىڭ بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان قولۋىقىدا فلرىدا دېڭىز بوغۇزىدىكى ئەھۋاللارنى چارلاش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى ھەم بۇ پائالىيەتنى ئىككى يىلغىچە داۋاملاشتۇردى. 1944-يىلى ئۇ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن  ئەنگىلىيىگە باردى. لوندوندا ئېغىر يارىلاندى، دوختۇرلار  ئۇنىڭ بېشىنى 57يىپلىق تىكتى. بۇ قېتىملىق ھادىسىدە جېنىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالغان ھېمىڭۋاي پاژغا قيتىپ بارغاندىن كېيىن قولىغا قورال ئېلىپ، مۇنتىزىم تەشكىللەنمىگەن بىر كىچىك ئەترەتنى باشلاپ ئۇرۇشقا باشلاپ قاتناشتى. 1945-يىلى ياۋروپادىن قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كۇباغا ككچۈپ باردى. كۇبا ئىنقىلابى غەلىبە قازانغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاجايىپ سەرگۈشتلەرنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ئوبزورچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ئۇرۇش توغرىسىدا بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدى. ئەمەلىيەتتە ھېمىڭۋاينىڭمۇ دېڭىز-ئوكيان، ئاسمان ،قۇرۇقلۇق بىر گەۋدە قىلىنغان بىر تىرىلوگىيە يېزىش ئويى بار ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ 1950-يىلى نەشىردىن چىققان ”دەريادىن ئۆتۈپ ئورمانغا كىرىش“ دېگەن ئورمانى ئوقۇرمەنلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. نۇرغۇن يازغۇچىلار ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ”ھېنىڭۋات تالانتىنى يوقتىپتۇ، ئەمدى ئۇنىڭدىن ياخشى ئەسەر چىقمىغۇدەك“ دەپ قاراشتى. 1952-يىلى يازغۇچىنىڭ ”بوۋاي ۋە دېڭىز“ دېگەن مەشھۇر پوۋېستىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۇنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈردى. 1954-يىلى ھېمىڭۋاي ئافرىقىدا ئىككى قېتىم ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچىرىدى. بېشى قاتتىق سىلكەنگەچكە ، شۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكى ۋە زېھنىي كۈچى بارغانسېرى  ناچارلاشتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى دېئابىت، يۇقىرى قان بېسىمى، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ۋە ئېغىر روھىي ئازابنىڭ قىيىنىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، توغرىراقى ئەمدى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغانلىقىنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھېس قىلغان بۇ قەيسەر يازغۇچى ئىداخو شىتاتىدىكى ئۆيىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوې مىلتىقى بىلەن ئۆلۈۋالدى. ”دۇنيا ئوغلى“ دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن، فرانسىيە، ئىتالىيە، كۇبا، ئىپانىيە، ئەنگىلىيە، كانادا، جوڭگو قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگىچە قەدىمي يەتكەن بۇ مەشھۇر يازغۇچىنىڭ مول سەرگۈزەشتىلەرگە تولغان ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاياغلاشتى.

يازغۇچىنىڭ ھاياتى ۋە بەزى ئەسەرلىرىنىڭ روياپقا چىقىش ۋاقتى ھەققىدىكى يۇقىرىقى قىسقا بايانلىرىمىز ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشغا ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى يازغۇچىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ۋە ھاياتى ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولمىساق، ئۇنىڭ بەزى ھېكايىلىرىنى چۈشىنەلمەيمىز. ھۋمىڭۋاينىڭ: «بىر جۈپ قەلب دەرياسى» دېگەن ھېكايەم ئېلان قىلىنغىلى 25يىل بولسىمۇ، ئۇنى ئوقۇرمەنلەر تېخىمۇ چۈشەنمىدى» دېگەن سۆزى بۇ پىكىرىمىزنى دەلىللەيدۇ.يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى ئۆلۈم ۋە يوقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا چېتىلدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشنىشنى مۇشۇ نۇقتىدىن باشلاش كېرەك. ھېمىڭۋاي روشەن خاسلىققا ۋە ئۆزگىچە بەدىئىي خاسلىققا ۋە ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇبقا ئىگە يازغۇچى بولۇش سۈپتى بىلەن ئۆزىگە مەنسۇپ بىر دۇنيانى ياراتتى، ئەسەرلىرىدە زامانىۋى ئەپسانە ئىجاد قىلدى ھەم ئاشۇ دۇنيا ئارقىلىق ئۆز ئەسەرلىرىدە ھايات ھەققىدىكى مۇستەقىل كۆزقارىشىنى ئىپادە قىلدى. ئۇنى بىرەر ئەدەبىيات ئېقىمىغا ئالدىراپ كىرگۈزەلمەسلىكىمىز دەل مۇشۇ سەۋەبتىن. كىشلەر ئادەتتە ھېمىڭۋاي ھەققىدىكى مۇنداق بىر قىزىقارلىق بىر پاكىتقا، يەنى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتى(1920-يىلدىن-1960-يىلغىچە) بىلەن شۇ چاغلاردا ياۋروپادا مودا بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئىدىيە دولقۇنى مەۋجئۇدىيەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشى، تەرەققىياتى، زاۋالىققا يۈز تۇتۇش ئوتتۇرىسىدا ۋاقىت جەھەتتىن ئوخشاش بارلىقىغا سەل قارايدۇ. ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدە پېرسوناژلارنى ئالاھىدە قىيىن مۇھىتقا قويۇپ تەسۋرلەيدۇ،؛ ناچار مۇھىتتىكى ئادەملەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشقا ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ ئازاب-گاڭگىراشلىرى، ئىزتىراپلىرى، كېيىنكى مەزگىللەردە چۈشكۈنلۈككە يۈز تۇتقان روھىيىتىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ بىمەنىلىك، ئازاب ئىچىدىن يېڭىچە روھىي قىممەت تېپىش ھەققىدىكى تىرشچانلىقلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى بىلەن قىسمەن جەھەتلەردە ئوخشىشىدۇ. ”گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد“ ئېقىمىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى بولۇش سۈپتى بولۇش سۈپتى بىلەن، ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدە باشتىن-ئاخىر يوقلۇق، بىمەنىلىك تۇيغۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ”ئەلۋىدا، قورال“ ناملىق رومانىدا ھېمىڭۋاي ئۇرۇشنىڭ بىمەنىلىكىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلىگەن. ئەسەردىكى باش قەھرىمان، لېيتنانت ھېنرى قانلىق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئۇرۇشتىن سەسكىنىشكە باشلايدۇ.يازغۇچىنىڭ ئۇرۇشنىڭ رەھىمسىزلىكى، بىمەنىلىكىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلىگەن. ئەسەردىكى باش قەھرىمان، لېيتنانت ھېنرى قانلىق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئۇرۇشتىن سەسكىنىشكە باشلايدۇ. يازغۇچىنىڭ ئۇرۇشنىڭ رەھىمىزسىزلىكى، بىمەنىلىكى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ھېنرېنىڭ مەشۇقىغا ئېيتقان :“ ﹤مۇقەددەس، شەرەپلىك، قۇربان بېرىش﹥دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىساملا تېنىم شۈركۈنۈپ كېتىدۇ. لېكىن، مەن ھېچقانداق شەرەپلىك نەرسىنى ككرمىدىم. شەرەپلىك دەپ نام ئالغان ئىشلارنىڭ ھېچقانداق شەرەپلىك يېرى يوق؛ ئۇرۇشتا قۇربان بېرىش دېگەن گەپكە كەلسەك، ئۇ چىكاگونىڭ قۇشخانىلىرىدىكى مال-چارۋا سويۇش ئىشلىرىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ. ئوخشىمايدىغىنى ، ئۇرۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتى ئەكېلىپ كۆمۈۋېتىلىدۇ“ دېگەن گەپلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ ”قۇياش يەنە چىقىدۇ“ دېگەن تۇنجى رومانىدا بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ”گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد“ نىڭ روھىي-ھالىتى-پارددىكى ياشلارنىڭ چۈشكۈنلۈككە يۈز تۇتقان تۇرمۇشى ۋە ئىدىيىسى ئەكس ئەتكەن. ئەسەردىكى باش پېرسوناژ جېك بائېنس بىر توپ چۈشكۈن ياشلارنىڭ ۋەكىلى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى كۈن بويى ھاراق ئىچىدۇ، بېلىق تۇتىدۇ، تورېئادۇرلۇق مۇسابىقىسى كۆرىدۇ؛ مۇشۇ ئىشلار ئارقىلىق تۇرمۇشىغا مەنە بەرمەكچى بولۇشىدۇ. مەنىسىزلىك بىلەن تولغان دۇنياسىدا نېمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىلەپ يۈرۈشىدۇ. ھېمىڭۋاي ”پاكىز ھەم ئازادە جاي“ دېگەن نادىر ھېكايىسىدە ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدىكى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان مەنىسىزلىك، يوقلۇق تۇيغۇسىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەن؛ كىشلەرنىڭ مەنىسىزلىككە قانداق مۇئامىلە قىلدىغانلىقى ھەققىدىكى باش تېمىنى تۇتقا قىلغان. شۇنداق دېيىشقە بودۇكى، بۇ ھېكايە ھېمىڭۋاينىڭ يوقلۇق ئىدىيىسىنى ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن. يازغۇچىنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان مەشھۇر پوۋېستى ”بوۋاي ېە دېڭىز“ مۇ ئوخشاشلا ئۈمىدسىزلىك، ئازاب تۈسى بىلەن تويۇنغان. ئەسەردە كۇبالىق بېلىقچى بوۋاي سانتىياگونىڭ ئۇدا 84 كۈن دېڭىزدا يۈرۈپ بىرەر تال بېلىق تۇتالمىغانلىقى، ئاخىرىدا ئۈچ كۈندۈز، ئىككى كېچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر يوغان بېلىق تۇتسا، ئۇنى ئاكۇلالارنىڭ يەۋەتكەنلىكى يېزىلغان بولۇپ، ھايات-ماماتلىق كۈرەش داۋامىدىكى جەسۇر ئەزىمەتلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. ئەسەردە : ”ئادەم يوقىلىشى مۇمكىن، ئەمما يېڭىلمەيدۇ: دېگەن بىر جۈملە سۆز بار. بۇ دېگەنلىك : ”جەسۇر ئادەم تەقدىرگە، مەغلۇبىيەتكە، ئۆلۈمگە جەڭ ئېلان قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ ئۆلۈم ۋە مەغلۇبىيەت ئالدىدا ئۆز غۇرۇرىنى يوقتىپ قويمايدۇ“ دېگەندىن ئىبارەت. ”ئادەم ھاياتىدىكى كۈرەش جەريانىدا قايتا-قايتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرىشى، يوقىتىلىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇنىڭ روھى ھەرگىز يېڭىلمەيدۇ. ئادەم ئازاب ۋە ئۆلۈم ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىش كېرەك“ دېگەن بىر خىل ئىدىيە ئەسەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ ئەسەر ھېمىڭۋاي ئىجادىيىتىدىكى مەركىزى ئىدىيىنى نۇقتىلىق ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئاپتورنىڭ پۈتكۈل ھاياتى جەريانىدىكى تۇرمۇش چۈشەنچىسىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن، ئاپتورنىڭ ئۆزگىچە بايان سەنئىتىنى ئەڭ ياخشى نامايەن قىلغان. بۇ ئەسەر 1953-يىلى پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە ئىككىنچى يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش سۆزىدە تىلغا ئېلىنغان.

1940-يىلى ھېمىڭۋاي ئۆزىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك نادىر رومانى ”ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟“ نى نەشر قىلدۇردى. بۇ ھېمىڭۋاينىڭ تۇرمۇش ۋە سەن.ەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ نامايەندىسى. ئۇنىڭدا ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارا گارنىزون ئەترىتىگە قاتناشقان ئامېرىكىلىق ياش جورداننىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇۋىرىشىغا قارىماي دۈشمەنلەر تۇرغان بىر كۆۋرۈكنى پارتلاتقانلىقى ۋە ئاخرىدا ئېغىر يارىلىنىپ قۇربان بولغانلىقى يېزىلغان. پۈتكۈل ئۈچ كۈن ئىچىدە بولغان ئىشلار تەسۋىرلەنگەن. ھېمىڭۋاي بۇ ئەسەردە ”ئۆزلۈك بىلەن بولغان ئۆلۈم“نى تەسۋىرلىگەن . ئەسەردىكى جوردان ئۆلۈمنى تاللىۋالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆلۈم قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئەڭ قورقۇنۇچلۇقى، ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن تەشۋىشلىنىپ بارلىق جاسارىتىنى يوقتىپ قويۇش. ”ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟- ئەجەل سىگنالى ھەمىمىز ئۈچۈن چېلىندى.“ ئەسەردىكى بۇ ئىككى جۈملە دىئالوگ ھۋمىڭۋاينىڭ ئۆلۈم ئېڭىنىڭ ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى. ”ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ، ئەمما، ئەڭ مۇھىمى ئۆلۈمگە قانداق مۇئامىلە قىلىش. ئۆلۈم ساقلانغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئەمما ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا تىترەپ كەتمەسلىك، ھاياتلىقنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىگە يۈزلەنگەن ۋاقىتتا مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىپادە قىلىش كېرەك.“ بۇ خىل ‘ئالدىدىمۇ پېتىنى بۇزماسلىق “ ئېڭى ھېمىڭۋاينىڭ تەلىمى ئاستىدا ۋايىغا يەتكەن. ھېمىڭۋاينىڭ ”ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟“ دېگەن بۇ مەشھۇر روماندا ئەكس ئەتكەن ئۆلۈم ۋە ئازاب تۇيغۇسى ئەنگىلىيىلىك ئەدەبىي تەنقىدچى بېيىسنىڭ : ”ئەمەلىيەتتە ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدە ئۆلۈمدىن ئىبارەت بىرلا تېمىلا بار“ دېگەن گېپىنىڭ توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دەلىللەيدۇ. ئەسەرنى ئوقۇشقا يېڭى كىرىشكەن چېغىمىزدىلا بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئاشۇ قۇرلاردىن بىر خىل ئۆلۈم تۇيغۇسىنى ھېس قىلالايدۇ. رومان قانلىق ئۆلۈم رېئاللىقى بىلەن تولغان : كۆۋرۈكنى پارتلاتقان جەسۇر ئەزىمەت جورداننىڭ ئۆلۈمى، ئادەم ئۆلتۈرۈشنى خالىمايدىغان بوۋاي ئانسېرموننىڭ ئۆلۈمى؛ ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان، ئەمما يىرگىنىدىغان ”گاس“ نىڭ ئۆلۈمى، بابېللونىڭ مىلتىقى ئاستىدىكى بەش بىگۇناھ قېرىنداشنىڭ ئۆلۈمى… ئەسەردە يەنە ئىندىئانلارنىڭ ئۆلۈم ھەققىدىكى ئەپسانىۋىلىككە تويۇنغان ھېسىياتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، بۇ پۈتكۈل ئەسەردىكى ئۆلۈم ئېڭىنى تېخىمۇ ياخشى يورۇتۇپ بېرىشتە مەلۇم رول ئوينىغان. ئاپتور بۇ ئەسەردە يەنە ئۇرۇشنىڭ بىمەنىلىكىنى تەسۋىرلەپ، ئۆزىنىڭ فاشىزىم ئۇرۇشىغا بولغان يىرگىنىشىنى ئىپادىلىگەن. يازغۇچىنىڭ : ”باشقا ھەرقانداق بىر دەۋردە بىر ئۇلۇغ يازغۇچى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى، ياخشى ئەسەرنى يازالىشى مۇمكىن. ئەمما فاشىزىم ھۆكۈم سۈرىۋاتقان جەمئىيەتتە ۋە دەۋردە بىر ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس“ دېگەن سۆزى دەل مۇشۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە دېيىلگەن. يازغۇچىنىڭ ئۆزگىچە تاتلىق بىر خىل بەدىئىي تەم گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان ھېكايىلىرىدىمۇ بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئازاب، ئۆلۈم، يوقلۇق ئىدىيىسى خېلى ياخشى ئىپادىلەنگەن. يازغۇچىنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ”ئىندىئانلار بارگاھى“ دېگەن ھېكايىسىنىڭ ۋەقەلىكى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر كىچىك بالىنىڭ دوختۇر دادىسىنىڭ بىر ئىندىئان ئايالنى تۇغدۇرماقچى بولغان ۋاقتىدىكى مەنزىرىنى كۆرگەنلىكى ۋەقەلىك قىلىنغان. بالا تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئېرىنىڭ خوتۇنىنىڭ ئازابلىق ئىڭراشلىرىغا چىدىماي ئاخىر ئۇستىرا بىلەن كېكىردىكىنى كېسىۋالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. ئەسەردىكى بالا دەل ھېمىڭۋاينىڭ باللىق چاغلىرىنىڭ ئەينەن پروتوتىپى؛ ئۇ يەنە ”نىك ئادامىس ھەققىدە ھېكايىلەر“ دىكى نىكنىڭ ئۆزى شۇ. ھېكايىدىكى ھېلقى ئىندىئان خوتۇنىنىڭ ئازابىنى يەڭىگىلىتىش ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەي، ئاخىر ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈمگە تۇتقان بۇ خىل پوزىتسىيىسى بالىنىڭ سەبىي قەلبىدە چڭقۇر ئىز قالدۇرغان. سىز مۇشۇ ھېكايىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ھېسىياتىڭىز بىلەن ھېمىڭۋاينىڭ ”قىمارۋاز موناخ ۋە رادىيو“ دېگەن ھېكايىسىنى ئوقۇسىڭىز، ھېلقى قىمارۋازنىڭ قورسىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىككى پاي ئوق ئېتىپ، بالنېتسىدا چىشلىرىنى چىڭ چىشلەپ ئۈندىمەي ياتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلەيسىز. ھېمىڭۋاي ”فرانس ماكومبېرنىڭ بەختلىك ھاياتى “ دېگەن ھېكايىسىدە ۋېلسوننىڭ تىلى شېكىسپىر تىراگېدىيىلىرىدىكى ”راستىنى دېگەندە، مېنىڭ ئۆلۈمگە پەرۋايىم پېلەك، ئادەم ھامان ئۆلىدۇ. ھەمىمىزنىڭ ئەجەل قەرزىمىز بار“ دېگەن بىر جۈملىنى بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈم ئېڭىدىن ئاز-تولا بېشارەت بېرىپ ئۆتكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ”يېڭىلمەس ئادەم“ ، ”ئەللىك مىڭ يۈەن“ دېگەن ھېكايىلىرىدىمۇ ئۆلۈم ئالدىدا تىز پۈكمەيدىغان جەسۇر ئەزىمەتلەرنىڭ ئوبرازىغا مەدھىيە ئوقۇلغان. مۇشۇ خىل روھ بولغانلىقى ئۈچۈن ”يېڭلىمەس ئادەم“ دېگەن ھېكايىدىكى تورېئادۇر يارىلانغان ئەھۋالدىمۇ يېڭىلىپ قالمىدى. ”ئەللىك مىڭ يۈەن“ دىكى بوكىسچى چىدىغۇسىز ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئاخرىغىچە ئېلىشتى. ھېمىڭۋاينىڭ نەزىرىدە، ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا قېلىپ ھېچقانداق چىقىش يولى تاپالمىسا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشمۇ بىر خىل قەيسىرانە ئۇسۇل. ”كىلمانجارودىكى قار“ نى ھېمىڭۋاي ئكزىنىڭ سەنئەت ماھارىتى نۇقتىسىدىن ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ھېكايىسى دەپ قارايدۇ. بۇ ھېكايىدىن يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ ئىرېلاندىيىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى، ئاڭ ئېقىمى ئۇسلۇبنىڭ باشلامچىسى جامىس جويىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تەرەپلەر بايقىلىپ تۇرىدۇ. ھېكايىدە يازغۇچى لەنەت تەگكۈر قۇش، ئىت، ۋېلسىپىت مىنىۋالغان ساقچى، قار بىلەن پۈركەنگەن كىلمانجارو تېغىنىڭ ئاقباش چوققىلىرىنى پات-پات تىلغا ئېلىپ، سىمۋوللۇق يوسۇندا ئۆلۈمدىن بېشارەت بېرىپ ئۆتكەن. بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئاڭ ئېقىمى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەسەرلەردە جىق ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆلۈم ئېڭى ئەكس ئەتكەن ھېكايىلىرىدىن يەنە ”قاتىل“ ،“ئاق پىلدەك تاغلار“، ”دۇنيانىڭ پايتەختى“ ،“ياقا يۇرتتا“ قاتارلىقلار بار. “ قاتىل“ دا زوراۋانلار  ئادەم ئۆلتۈرۈشمەكچى بولۇشۇىدۇ؛ ”ئاق پىلدەك تاغلار“ دا ئۆلۈمدىن قورقۇش پىسخىكىسى ئىپادىلىنىدۇ. “ دۇنيانىڭ پايتەختى“ دە ھېلقى ئىسپانىيىلىك ئوغۇل بالىنىڭ ئۆلۈمگە تۇتقان مۇئامىلىسى يېزىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھېمىڭۋاينىڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ”ئېقىندىكى ئارال“ (1970)، ”خەتەرلىك ياز“ (1985)، ”بېھىشباغ“ قاتارلىق ئەسەرلىرىدىمۇ ئۆلۈم، يوقلۇق ئېڭى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن.

بۇ يەردە يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى، تىل ئۇسلۇبى، ئىجادىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە ئازراق بىر نەرسە قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈر. 1954-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلىشتىن سەل بۇرۇن ئايىروپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ مېڭىسىنىڭ قاتتىق سىلىكىنىشى ھېمىڭۋاينىڭ سالامەتلىكىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتكەن. يازغۇچى كۆڭۈلدىكىدەك ئەسەر يازالمىغان؛ شۆھرىتى ئاشقانسېرى  ئۇنى زىيارەت قىلىپ كېلىدىغان مۇخبىرلار ۋە ئەدەبىيات مۇخلىسلىرى ئاۋۇپ كېتىپ، ئىجادىيەت ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت ھەم زېھنىي كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغان. 1960-يىلى كۇبادىن ئانا يۇرتى ئىداخۇ شىتاتىغا كۆچۈپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. ئەمما، سالامەتلىكى قىلچە ياخشىلانمىغان؛ قان بېسىمى، دېئابىت، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىدىن باشقا قاتتىق ئېغىر روھىي ئازەب ئۇنى بەك قىينىغان؛ ئۆزىنىڭ ئەمدى ئەسەر يازالمايدىغانلىقىنى ئازاب ئىچىدە بايقاپ قاتتىق چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن. ئىجادىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشىنى ئۆلۈم بىلەن تەڭ كۆرىدىغان يازغۇچى جىسمانىي ۋە روھىي ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەي، ”ئىندىئان بارگاھى“ دېگەن ھېكايىسىدىكى ھېلقى ئەرگە ئوخشاشلا 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆيىدە ئوۋ مىلتىقى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. يازغۇچى ۋاپات بولۇپ خېلى ئۇزۇن مەگىللەرگىچە ”ھېمىڭۋاي نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان؟“ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە نۇرغۇن دەتالاشلار، نۇرغۇن قىياسلار بولدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدە باشتىن –ئاخىر ئالاھىدە قىيىن مۇھىت، مەغلۇبىيەت ۋە ئازاب ئالدىدىكى مەرد، جەسۇر ئەزىمەتلەرنىڭ، تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلىغىنلىقىغا، يازغۇچىنىڭ ئاجايىپ مول سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن تىنىچلىق ۋە مەغلۇبىيەت ئالدىدا بېشىنى تىك تۇتۇپ ئەركەكلەرچە ياشىغانلىقىغا دىققەت قىلغان كىشى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىغا ھەيران قالماي قالمايدۇ. ”ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا قېلىپ ھېچقانداق چىقىش يولى قالمىغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشمۇ بىر خىل قەيسىرانە ئۇسۇل“ دېگەن يازغۇچى ئۆزى دېگەندەك ئەھۋالدا قېلىپ ، ئۆى ئېيتىپ ئۆتكەن ئۇسۇلدا ھاياتىنى ئاخرلاشتۇرۇۋالدى. يازغۇچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئۇسۇلىغا ئىلمىي يوسۇندا قارىشىمىز، ”ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان يازغۇچى ياخشى يازغۇچى ئەمەس“ دەپلا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەنئەنىۋى تەپەككۇر بىلەن يوققا چىقارماسلىقىمىز لازىم. بىر ئۇلۇغ ئەدىب ، ھەققىي ئەدىب ئۆزىنىڭ دەرد-ئەلىمىدىن باشقا ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ غەم-قايغۇسىنى تەڭ تارتىدۇ. ”ئۇلۇغ ،ئەدىبلەر كېسەل سەۋەبىدنلا ئەمەس، دەرد-ئەلەم دەستىدىنمۇ تۈگىشىپ كېتىدۇ“ دەپ ئېيتىدۇ. جالالىدىن رۇمى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن ياپونىيە يازغۇچىسى كاۋاباتى تاسۇنارى (1968-يىلى ئېرىشكەن) دۆلىتىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى خارابە ھالىتىگە قاتتىق ئۆكۈنۈپ، مىللىتىنىڭ ئىستىقىبالىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ ئۆلۈۋالدى. رۇس يازغۇچىسى ئالېكساندىر بۇنىن (1933-يىلى ئېرىشكەن) ئۆز دۆلىتىدە پۇت دەسسىگۈچىدەك يەر تاپالماي، ئۆز ماكانىغا سىغماي ياقا ئەللەردە سەرگردان بولۇپ، روھىي ئازاب ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. ھېمىڭۋاينىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ئۇلارنىڭكىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ روھىي تۈۋرۈكىدىن –ئىجادىيەتتىن ئايرىلىپ قالدى. بىز بۇ ماقالىدە يازغۇچى ھېمىڭۋاينى :ئەركەك يازغۇچى“ دەپ ئاتىدۇق. ئەلۋەتتە، بۇنداق دېيىشىمىز ئاساسىسىز ئەمەس. يازغۇچى يىگىتلىك چاغلىرىدىلا ئۇرۇشقا قارشى پىدائىيلارنىڭ تەركىبىدە جەڭگە قاتناشتى، بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى چۈشكۈن ياشلارنىڭ يىغىسىنى تىڭ يىغلاپ، ئەسەرلىرىدە شۇنى ئەلس ئەتتۈردى؛ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى؛ خېيىم-خەتەردىن قورقماي، يازغۇچىلار قۇرۇلتىيىدا نۇتۇق سۆزلەپ. ئۆزىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتىنى ، فاشىستلارغا بولغان غەزىپىنى ئېنىق ئىپادىلىدى؛ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كاتېر سېتىۋېلىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۈچۈن ئاخبارات توپلىدى؛ ئىجتىمائىي مەسەلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى. ئىجادىيەتتىن باشقا تورېئادۇرلۇق، بېلىق تۇتۇش، ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ ئوخشاشلا ماھىرلىقنى يېتىلدۈردى. ئاۋۋال ئۆزى باشتىن كەچۈردى، ئاندىن يازدى. بىزنىڭ بىر قىسىم ياش يازغۇچىلىرىمىز توي قىلماي تۇرۇپ ئەر-ئايال تۇرمۇشىنى، جىنىسىي لەززەت، جىنسىي ئاڭنى ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە كۈچەپ كەتتى، يەنە بەزى يازغۇچىلار بولسا چەت ئەلگە چىقىپ باقماي تۇرۇپ ياكى چىققان بولسىمۇ ئۇ يەرلەرنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ، چەت ئەل ھەققىدە چىنلىقى ئاجىز ئەسەرلەرنى يازدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ ۋاپاتىغا قىرىق يىل بولغان يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆگىنىدىغان يەرلىرىمىز خېلى جىق. ئۇنىڭدىن بىر يازغۇچىغا خاس خىسلەتلەر ۋە ھەققىي ئەرلەرگە خاس بىر خىل مەردانىلىق تولۇق تېپىلدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھېمىڭۋاينىڭ تىل ئۇسلۇبىمۇ بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ،دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيىدۇ. ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدە ئاجايىپ يېنىك، ئاممىباب، چۈشنىشلىك، تاۋلانغان تىل ئىشلىتىلدۇ. ئەسەرلىرىدىكى دىئالوگلار ھازىرقى زامان جانلىق ئىنگىلىز تىلىدىكى ئوبرازلىق ، پىشقان جۈمىلىلەردىن تاللانغان. بۇ نۇقتىدىن ھېمىڭۋاي ئىشلەتكەن ئىنگىلىز تىلى زاماندىشى، ۋەتەندىشى فولكنېر، بېللوۋ، ستېينبېكلارنىڭكىدىن ۋە ئۆز تەسىرىگە ئۇچىرىغان جامىس جويىسنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ : ”ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرى كىشىگە دېڭىز يۈزىدىكى سۇنىڭ شىلدىرلىشىنى ئەسلىتىدۇ“ دېگەن باھاسىنىمۇ ئۇنىڭ تىل ئۇسلۇبىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىزدە يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ ”ئەزرائىلنى كۈتۈش“، ”خۇنخورلار“، كۆۋرۈك بېشىدىكى بوۋاي: ، ”مۇشتۇمزور“ قاتارلىق بىر قانچە ھېكايىسىلا تونۇشتۇرۇلدى. بۇ بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال. بىزدە چەت ئەل ئەدەبىياتىنى ياخشى ئۆگىنىش ياكى سېستىمىلىق تەتقىق قىلىش كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ شۆھرەتلىك مۇنبىرىدە ھېمىڭۋايدەك كاتتا يازغۇچىلار جىق. بىز ئۆزىمىزنىڭ تىل ئىشلىتىش، ئەسەرلەرنى چۈشىنىش سەۋىيىمىزنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن ئۇلارنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز. ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ خەلقىمىزگگ تونۇشتۇرۇشىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىلگىرلىشىگە مۇناسىپ قوشۇشىمىز كېرەك.

ئەسلى مەنبە: ‹‹دۇنيا ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلى 2001- يىللىق سانى

ئوكيان تورىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى

]]>
?feed=rss2&p=10211 0
فرانىز كافكا ۋە ئۇنىڭ كاتتا رومانى «قەلئە» ?p=10134 ?p=10134#respond Fri, 30 Sep 2011 16:53:57 +0000 ?p=10134 فرانىز كافكا ۋە ئۇنىڭ كاتتا رومانى «قەلئە»

ـ سىرلىق ئوردا تۈسىگە ئىگە ھېكايە

kafka the castle

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

كافكا 20- ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك يازغۇچىلارنىڭ بىرى. 1941- يىلى ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى ئودېن: «يازغۇچى ۋە ئۇ ياشىغان دەۋرنىڭ مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كافكانى دانتې، شېكىسپېر ۋە گىيۇتى قاتارلىقلار بىلەن تامامەن بىر قاتارغا قويۇشقا بولىدۇ» دېگەنىدى. ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا ئەدەبىيات دالاسىدا ئۈن- تۈنسىز مېھنەت قىلدى، ئۆزىگە خاس ئىجادىيىتى بىلەن شۇ چاغدىكى ھەر قايسى ئەل ئەدەبىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىپ، 20- ئەسىر ئەدەبىيات تارىخىدا ئۆچمەس سەھىپە قالدۇردى. ئۇ مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ بوۋىسى دەپ ھۆرمەت تەرىپلىنىشكە تامامەن ھەقلىق.

فرانىز كافكا 1883- يىل 3- ئىيۇلدا ئاۋستىرىيە- ۋىنگىرىيە ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى بوخىمىيە (بۈگۈنكى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىگە توغرا كېلىدۇ) نىڭ پايتەختى پراگادا تۇغۇلغان. دادىسى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن سودىگەر بولۇپ، ئاپىسى تولىمۇ غەمىسكىن، خىيالچان ئايال ئىدى. كافكا كىچىكىدە گېرمان تىلى تەربىيىسى ئالغان، 1901- يىلى پراگا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ گېرمان تىلى ئەدەبىياتى ئۆگەنگەن، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي دادىسىنىڭ تەلىپى بىلەن قانۇن كەسپىگە ئالماشقان ۋە 1906- يىلى قانۇن پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1908- يىلىدىن باشلاپ يېرىم ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىشچىلارنىڭ خىزمەت ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلىگەن؛ 1917- يىلى ئۆپكە كسىلىگە گىرىپتار بولغان، 1922- يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن خىزمىتىدىن ئايرىلغان؛ 1924- يىلى 3- ئىيۇندا كېسەل سەۋەبى بىلەن 41 يېشىدا ۋاپات بولغان.

kafka4

كافكانىڭ قىسقىغىنە ھاياتى پۈتۈنلەي بەختسىزلىكلەر بىلەن تولغان. ئۇ ياشىغان دەۋر، ئىجتىمائي تۇرمۇش مۇھىتى، ئائىلىسى ئۇنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىجادىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

كافكا ياشىغان دەۋر دەل ئاۋستىرىيە- ۋىنگىرىيە ئىمپېرىيىسى خابۇسبېرگ پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى ئىدى. ئەينى چاغدا پراگادا مىللىي زىددىيەت، سىياسىي زىددىيەت ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن بولۇپ، ئىمپېرىيەنىڭ ئۇلى لىڭشىپ قالغانىدى. يەھۇدىي بولغىنى ئۈچۈن كافكا سىلاۋىيانلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمايتتى، لېكىن پراگادىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سىلاۋىيانلار ئىدى؛ ئۇ گېرمان تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن بولغاچقا، ئەتراپىدىكى ئادەملەر بىلەن ئورتاق تىل يوق ئىدى؛ ئۇ پۈتۈنلەي ئاۋستىرىيەلىكمۇ ئەمەس، چېخلىقمۇ ئەمەس ئىدى. سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ياللانما خادىمى بولغىنى بىلەن، مۈلۈكدارلار قاتلىمىغا تەۋە ئەمەس ئىدى؛ مۈلۈكدار نىڭ ئوغلى بولغاچقا، ئۇ يەنە پۈتۈنلەي ئەمگەكچىگىمۇ تەۋە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى مىجەزى چۇس، زالىم كىشى بولۇپ، ئائىلىدە مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە ئىدى. كافكا كىچىكىدىن باشلاپلا دادىسىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدۇ، پۈتۈن ئۆمرى زالىم تەبىئەتلىك دادىسىنىڭ قاراڭغۇ كۆلەڭگىسىدە ئۆتىدۇ. ئۇ ئۈچ قېتىم توي قىلىشقا پۈتۈشىدۇ، لېكىن ئۈچىلى قېتىمدا ئۆزى تەشەببۇسكارلىق توي كېلىشىمىنى بىكار قىلىۋېتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۇرمۇش قۇرماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. كافكا ياشاش مۇھىتى ۋە ئىچ مىجەز خاراكتېرى تۈپەيلى يېزىقچلىقنى بىر خىل روھىي ئەمىنلىك ۋاستىسى قىلىۋالىدۇ.

كافكا كىچىكىدىنلا ئەدەبىياتقا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغانىدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىلا دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇغان؛ سىپنوزا، نىچشې، دارۋېن قاتارلىقلارنىڭ تەلىماتلىرى، دانىيەلىك مەۋجۇدىيەتچى پەيلاسوپ كىرىگورنىڭ ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؛ جۇڭگونىڭ لاۋزى، جۇاڭزى پەلسەپىسىنىمۇ تەتقىق قىلغان ئىدى. ئۇ 1908- يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. كافكا ئۆزىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ئىشتىن سىرىتقى يازغۇچى ئىدى. ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا ئۈچ پارچە رومان ۋە نۇرغۇن پوۋېست، ھېكايە، زور مىقداردىكى ئەدەبىي خاتىرە، فىليەتۇن، ھېكمەت، خەت- چەك، كۈندىلىك خاتىرىلەرنى يازغان. ئۇ ئەسەرلىرىگە بەك قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ئۇنىڭ ھايات چېغىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئۇنچە كۆپ ئەمەس. كافكا ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى يېقىن دوستى ماكس برودقا ئېلان قىلىنمىغان جىمى قوليازمىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىش، ئېلان قىلىنىپ بولۇنغان ئەسەرلىرىنىمۇ قايتا نەشر قىلماسلىق ھەققىدە ۋەسىيەت قالدۇرىدۇ. كافكا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر يىراقنى كۆرەر ماكس برودنىڭ دوستىنىڭ ۋەسىيتىنى ئورۇندىمىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، كافكا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ماكس برود ئۇنىڭ جىمى ئەسەرلىرىنى رەتلەپ نەشر قىلدۇرۇپ، قالتس تالانتلىق بۇ يازغۇچىنىڭ ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇبتا يېزىلغان ئەسەرلىرىنى يىرتىۋەتمەي ساقلاپ قالىدۇ، كېيىن بۇ ئەسەرلەر پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇرۇن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلىگەن. لېكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغان. 50- يىللاردىن باشلاپ ياۋروپا- ئامېرىكىدا كافكا قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. نۇرغۇن يازغۇچىلار كافكانىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى دوراپ ئەسەر ئىجاد قىلغان. ئىلىم ساھەسىدىمۇ كافكانى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى قوزغىلىپ كەتكەن. ئەدەبىيات تەتقىقاتى ساھەسىدىمۇ «كافكاشۇناسلىق» ئىلىمى شەكىللەنگەن. كافكانىڭ شۆھرىتى ھازىرمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا.

kafka7

دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە 20- ئەسىر كىرگەندىن بۇيان بارلىققا كەلگەن مەۋجۇدىيەتچىلىك، سۇررېئالىزم، بىمەنىچىلىك ئېقىمى، قارا يۇمۇر، فانتازىيەلىك رېئالىزم قاتارلىق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىملىرى ئېلېمېنتلىرىنى كافكانىڭ ئەسەرلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ. جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرى كافكانى خېلىلا كېچىكىپ چۈشەندى. 60- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كافكانىڭ ئاز بىر قىسىم  ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى، لېكىن ئىچكى ماتېرىيال سۈپىتىدىلا تارقىتىلدى، كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىدى. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن كېيىن، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى باھارى چەت ئەل ئەدەبىياتىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش خىزمىتىنى يېڭى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئەتتى، كافكاغىمۇ يېڭىباشتىن باھا بېرىلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىدى. كافكا جۇڭگو يازغۇچىلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى، بەزى يازغۇچىلار كافكانى دوراپ ئەسەر يېزىشقا باشلىدى. ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، كافكانىڭ ئەسەرلىرى ئېلىمىزدە بارغانسېرى كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە مەدھىيەسىگە ئېرىشتى.

كافكانىڭ ئۈچ پارچە رومانىنىڭ ھېچقايسىسى تولۇق پۈتمىگەن. بۇ ئۈچ روماننىڭ ئىچىدە «قەلئە» ناملىق بۇ رومانىنىڭ سەھىپىسى ئەڭ چوڭ بولۇپ، كافكانىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى ئەڭ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، ھەمدە كىشىلەر تەرىپىدىن كافكانىڭ مۇھىم ئەسىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ماكس برود بۇ رومانغا «كافكانىڭ فائۇستى» دەپ باھا بەرگەن.

kafka 8

روماندا باش پېرسۇناژ K نىڭ قەلئەگە كىرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھېكايە قىلىنىدۇ. رومان ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنە ئىنتايىن چوڭقۇر، مەزمۇن تولىمۇ غەلىتە بولۇپ، ئۆزگىچە بىر دۇنيا كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولىدۇ. ئەسەردە يەنە رېئاللىق بىلەن رېئالسىزلىق، نورماللىق بىلەن بىمەنىلىك، ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن ئاجايىپ غەلىتە ئادەملەر بىر- بىرىگە جىسىپلىشىپ كەتكەن. بەزىلەر روماننى يەنە «سىرلىق ئوردا تۈسىنى ئالغان، كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇۋېتىدىغان رومان» دەپمۇ ئاتىغان. چەت ئەللىك بىر ئوبزورچى ئەسەرگە مۇنداق باھا بەرگەن: «‹قەلئە› نى ئوقۇغان كىشى بىر نەچچە بەت ئوقۇپلا ئۆزىنى ھېچنىمىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايدىغان قويۇق تۇمان ئىچىدە لەيلەپ يۈرگەندەك ھېس قىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ رومان تىلىنىڭ تولىمۇ مەززىسىز ئىكەنلىكىدىن ئەمەس (كافكانىڭ تىلى بەك راۋان ھەم چۈشىنىشلىك)، بەلكى روماندا تەسۋىرلەنگەن ئىشلارنىڭ شۇ قەدەر بىمەنە، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى دىيالوگنىڭ شۇنچىلىك غەلىتە ئىكەنلىكىدىن بولغان.»

kafka3

روماندا نۇرغۇن غەلىتە ۋە بىمەنە ئىشلار تەسۋىرلىنىدۇ. قەلئە ھېچقاچان يەر ئۆلچەش خادىمى تەكلىپ قىلمايدۇ، لېكىن K نىڭ يەر ئۆلچەش خادىمى سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. K ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپ بىر- ئىككى سائەت ئۆتە- ئۆتمەيلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىدۇ. قەلئەگە قاراشلىق كەنت ئۇنچىۋالا چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ كەنتنى بىر توپ ئەمەلدار باشقۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى ھەتتا ئۆزلىرى باشقۇرىدىغان كەنت پۇقرالىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ چىقىدۇ. ئۇلار ئەتىگەندىن- كەچكىچە پۇت- قولىغا تەگمەي ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئىشخانىدىكى تېڭىق- تېڭىق ھۆججەتلەر تورۇسقا تاقاشقۇچە دۆۋىلىۋېتىلگەچكە ھۆججەتلەر ھېلىدىن- ھېلىغا يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئىنتايىن ئادەتتىكى ئەرزلەر ياكى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان تەلەپ- ئىلتىماسلار ئۈچۈن بيوروكراتلىق ئىنتايىن ئەۋج ئالغان بۇ غايەت زور ئاپپارات ئايلاپ- يىللاپ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بارناباس قەلئەگە ئۆزى خالاپ خەت- چەك توشۇغۇچى بولىدۇ. ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدا كۈن- كۈنلەپ ئايىغى چىقماس ۋەزىپىلەرنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ، ھەتتا بىر ساقلىغانچە نەچچە يىل ساقلايدۇ، ئەمما بىرەر قېتىممۇ خەت- چەك توشۇپ باقمايدۇ. قەلئە ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇدېرى كلام K غا ئىككى پارچە خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئىشلىگەن خىزمىتىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدۇ، لېكىن K كلامنىڭ ماختىغىنىغا تۇشلۇق قول سېلىپ بىرەر ئىشنى قىلىپ باقمايدۇ. كېيىن بۇ خەتلەرنىڭ بۇرۇن يېزىپ قويۇلغان كونا خەت ئىكەنلىكى، سارغىيىپ كەتكەن بىر دۆۋە كونا ئارخىپلارنىڭ ئارىسىدىن مۇنداقلا تارتىپ چىقىلغانلىقى سېزىلىپ قالىدۇ. قەلئەنىڭ كاتىپى بۈرگېل بىر كۈندىكى كۆپ قىسىم ۋاقتىنى كارىۋات ئۈستىدىلا ئۆتكۈزىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى كارىۋات ئۈستىدىلا بېجىرىدۇ، ئەرز قىلىپ كەلگەنلەردىن سوراق ئالىدۇ. K ھەر خىل ئاماللارنى بىلەن قەلئەگە كىرمەكچى بولىدۇ، قەلئە ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر قەدەممۇ نېرى بولمايدۇ. لېكىن ئۇ شۇنچە تىرىشقىنىغا لايىق قەلئەگە بىر قەدەممۇ يېقىنلىشالمايدۇ. قەلئە ئەمەلدارى سۇتىنىنىڭ شۇ كەنتتىكى ئامالىيا ئىسىملىك بىر قىزغا كۆزى چۈشۈپ قالىدۇ. لېكىن ئامالىيا ئۇنىڭ قوپاللىق بىلەن قويغان تەلەپلىرىنى كەسكىن رەت قىلىۋېتىدۇ. ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئامالىيانىڭ ئائىلىسىنى پالاكەت باسىدۇ. قەلئە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق قەلئەگە ئۆزلىرىنى كەچۈرۈۋېتىش ئۈچۈن يالۋۇرغىلى بارىدۇ. سۇتىنىنىڭ خىزمەتكارىنى تېپىش ئۈچۈن ئامالىيانىڭ ئاچىسى ئولگا مېھمانخانىغا بېرىپ، ئىنتايىن چۈپرەندە مالايلارنىڭ ئاستىدا ئاياغ- ئاستى بولۇشقا رازى بولىدۇ…..

kafka2

بۇ ۋەقەلىك ئوقۇرمەنلەرنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ، لېكىن بايان قىلغۇچى بىلەن ئەسەردىكى پېرسۇناژ بۇنىڭدىن قىلچە غەلىتىلىك ھېس قىلمايدۇ. مانا مۇشۇنداق ھېچقانداق ھېسسىيات تۈسى ئالمىغان ساپ ھالەتتىكى ئوبيېكتىپ بايان قىلىش ئۇسۇلى كافكانىڭ ئۆزىگىلا خاش سەنئەت ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن. ھېكايە ۋەقەلىكى تاشقىي بىمەنىلىك ئاستىدا چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئادەمنى يەنىمۇ ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ.

كافكانىڭ ھەربىر ئەسىرى مۇتلەق ساپ ھالەتتىكى مۇرەككەپ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «قەلئە» ناملىق بۇ رومان تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، كىشىنى تامامەن ئوخشىمايدىغان يەكۈنگە ئېرىشتۈرىدۇ. مەسىلەن، قەلئە ئىلاھ ۋە ئىلاھنىڭ رەھىم- شەپقىتىنىڭ سىمۋولى.

K قەلئەگە كىرىدىغان يولنى ئىزدەيدۇ ۋە مۇشۇ ئارقىلىق روھىنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى ئىستەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ جىمى تىرىشچانلىقى بىكارغا كېتىدۇ. چۈنكى ئىلاھنىڭ رەھىم- شەپقىتىگە مەجبۇرىي ئېرىشكىلى بولمايتتى، K پەقەت ئىنسانلار دۇنياسىدىن ئايرىلغاندىلا ئاندىن بۇ ئىستىكى قانائەت تاپاتتى.

قەلئە ھوقۇقنىڭ سىمۋولى، دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى. ئاجايىپ يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ ھۆكۈمەت ئورگىنى ناھايىتى يېقىندىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئەمما خەلقنىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭغا ھەر قانچە قىلىپمۇ يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ. «قەلئە» بىيوروكراتلىق تۈزۈمىنى ئۆتكۈر ھەجۋىي تىل بىلەن تەسۋىرلەپ، ئۇچىغا چىققان ئاكتىۋىزمدىن بىشارەت بەرگەن.

كافكا ياشىغان دەۋردە ياۋروپادا يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش قاتتىق ئەۋج ئالغانىدى. «قەلئە» يەھۇدىيلارنىڭ كىرگۈدەك ماكانى يوق بىچارە ھالىتىنىڭ كارتىنىسى؛

K ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. كىشىلەر ئىنتىلىدىغان ھەقىقەت ئەركىنلىكنىمۇ، ئادالەتنىمۇ، قانۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ئۇ- بۇ بىمەنە دۇنيادا كىشىلەرنى تۈرلۈك- تۈمەن پۇتلىكاشاڭلارغا دۇچار قىلىپ تۇرىدۇ. مەيلى سىز قانچىلىك تىرىشماڭ، ھەر قانچە قىلىپمۇ ھەقىقەتنى تاپالمايسىز، تىرىشچانلىقلىرىڭىز ئەڭ ئاخىرىدا بېرىپ مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگەللىنىدۇ؛

K جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان «ئوشۇقچە ئادەم»، ئۇ يۇقىرىنىڭلا ئەمەس، تۆۋەننىڭ ئىجازىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. باشتىن- ئاخىر «ناتونۇش ئادەم» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. K نىڭ مۇشۇ خىل ھالى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تەقدىرىگىمۇ سىمۋول قىلىنغان. كىشىنىڭ جەمئىيەت قوينىدا ياشىماي ئامالى يوق. لېكىن جەمئىيەت ئۇ كىشىنى ئۆز قوينىغا ئالمايدۇ ھەم ئۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ؛

kafka1

«قەلئە» دە كافكا بىلەن دادىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىيادە جىددىي تۈس ئالغان مۇناسىۋەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. قەلئە كافكانىڭ دادىسىنىڭ ئوبرازىنىڭ سىمۋولى. K قەلئەگە كىرمەكچى بولىدۇ- يۇ، ھەر قانچە قىلىپمۇ كىرەلمەيدۇ. بۇمۇ دادا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە قارىمۇقارشىلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن …..

روماندا تەسۋىرلەنگەن سىمۋوللۇق نەرسىلەر بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقىرىدىكى تەھلىللەر ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ روماندىن ئالغان تەسىراتى. كەلگۈسىدىمۇ يەنە بۇنىڭدىن باشقا باھالار توختىماي چىقىپ تۇرىدۇ، ئاشۇ باھالارنىڭ ھېچقايسىسى خاتا ئەمەس، بەلكىم بۇ باھالار روماندا تەسۋىرلەنگەن مەلۇم بىر تەرەپنىلا كۆرسىتىپ بېرەلىشى مۇمكىن. چۈنكى ھەرقانداق بىر مۇنەۋۋەر ئەسەر ئادەتتە كۆپ خىل مەنە ۋە مۇرەككەپلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئاددىيلا قىلىپ بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ بولغىلى بولمايدۇ. كافكا ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ھەرگىزمۇ مەسىلىگە جاۋاب تاپمايدۇ.

كىشىنى ئويغا سالىدىغان يېرى، كافكانىڭ ئۈچ پارچە رومانىنىڭ ھېچقايسىسى تولۇق ئاياغلاشمىغان. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان ئايال يازغۇچىسى جويىس ئوز: «نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەرىدە كافكا يەنىلا بىر مەڭگۈلۈك تېپىشماق ….. بۇ تېپىشماقنى ‹تېپىش› كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى ‹تاپقانلىق› تىن دېرەك بېرىدۇ. كافكانى قانداق شەرھلەيمىز، كافكانىڭ قەلىمىدە يارالغان تىپىك پېرسۇناژلارنىڭ مەيدانىدىن قانداق ھالقىيمىز، ‹قەلئە› ئۆز ئىچىگە ئالغان مەخپىيەتلىكنى قانداق يېشىشىمىز كېرەك؟ قارىغاندا، بۇلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق ئاسان ئەمەس ئوخشايدۇ…..»[1] لېكىن، مەلۇم نۇقتىدىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تونۇشنىڭ ئېھتىماللىقى قەتئىي يوق.

kafka6

كافكا كونا دۇنيانى پاش قىلغان تالانت ئىگىسى. ئۇ بىمەنىلەشتۈرۈش، مۇبالىغە قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق قاباھەتلىك چۈش تۈسىنى ئالغان دۇنيانىڭ رېئاللىقىنى ئېچىپ بەرگەن. بۇلايخت كافكاغا: «ئالدىن كۆرەر يازغۇچى» دەپ باھا بېرىدۇ. D.R. رېيىن: «يىمىرىلگەن ئۆزلۈك» دېگەن كىتابىدا: «ئەگەر شېكىسپىر بىلەن كافكانىڭ كىشىلەرنىڭ قايغۇ- ھەسرىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ياتلىشىشىنى ئېچىپ بېرىش ماھارىتىنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە (ئۇلارنىڭ تالانتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا)، ھازىرقى زاماندىكى ئوقۇرمەنلەر شېكىسپېرنى ئەمەس، كافكانى كىشىلەرنىڭ قايغۇ- ھەسرىتىنى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ مۇكەممەل ئېچىپ بەرگەن دەپ قارايدۇ….. كافكانىڭ رەزىللىككە بولغان تونۇشى ۋايىغا يەتكەن؛ ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىدىكى ساغلام ھەم نورمال بولغان ئۆزلۈك تونۇشى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرمايدۇ.»[2] كافكا ئۆزىمۇ: «مەن يازغانلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھامان يۈز بېرىدۇ» (1922- يىل 5- ئىيۇل دوستى ماكس برودقا يازغان خېتى) دېگەن. ھېتلىر فاشىستلرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا نۇرغۇن كىشىلەر كافكانىڭ ئەسەرلىرىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىشارەت تۈسىنى ئالغان: «كافكانىڭ قاباھەتلىك چۈش دۇنياسى ….. ئەمەلىيەتتە رېئاللىققا ئايلاندى» دېگەن سۆزىنى ئاستا- ئاستا تونۇپ يەتكەن. ياۋروپانىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى رېئاللىقىغىمۇ كىشىلەرنى كافكاغا قايتىدىن باھا بېرىشى ئۈچۈن ئاساس بىلەن تەمىنلىدى: «ئۇرۇش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى رېئاللىققا بولغان ئۈمىدسىزلىك، بۇرۇنقى قۇرۇق خىياللارنى چۆرۈپ تاشلاش، بۇيرۇقۋازلىق، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاپتوماتلىشىشى، بيوروكراتلىقنىڭ پۈتۈنلەي كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالغان دۇنيانىڭ ئەھۋالى ….. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى كافكانىڭ ئالدىن كۆرەر ھېكمەتلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.» جۇڭگودىكى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن كېيىن، كىشىلەر كافكانىڭ ئەسەرلىرىدىكى تولىمۇ بىمەنە تۈس ئالغان ئىشلار ھەققىدە يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدى. ماكس برود مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «كافكانىڭ ‹قەلئە› ناملىق رومانى دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى. روماندا ئوخشاش بىر تىپقا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ دۇنيا ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇنۇشلىرى تەپسىلىي تەسۋىرلەنگەن. بۇ تەسۋىرلەرنىڭ توغرىلىقى بىلەن نەپىسلىكى ناھايىتى يۈكسەك دەرىجىگە يەتكەن. ھەممە ئادەم ئۆز ۋۇجۇدىدا بۇنداق تەركىپنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالىغانلىقتىن، كافكانىڭ ‹قەلئە› ناملىق بۇ رومانى كىتابتا تەسۋىرلەنگەن پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىدىن ھالقىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنى تومۇشىغا ماس كېلىدىغان ئەسەرگە ئايلانغان.»[3] كافكا تەسۋىرلىگەن نەرسىلەر پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق نەرسە بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەنە شۇنداق كەڭ تارقىلالىغان. بەزىلەرنىڭ كافكانى «ئەڭ چۈشىنىشلىك ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى» دەپ تەرىپلىشىمۇ بىكار ئەمەس.

گاۋ نيەنشېڭ

1997- يىل 24- ئىيۇل

بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى


[1]  «كافكا ھەققىدە»، 678-، 679- بەتلەر، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى نەشرىياتى، 1988- يىل.

[2]   D . R.  رېيىن، «يىمىرىلگەن ئۆزلۈك» 69- بەت، گۇيجۇ خەلق نەشرىياتى، 1987- يىل.

[3]  «كافكا ھەققىدە» 80- بەت، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشرىياتى، 1988- يىل.

]]>
?feed=rss2&p=10134 0