تارىخ- پەلسەپە – پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى http://www.pasahet.net Fri, 04 Nov 2016 04:54:31 +0000 ug-CN hourly 1 جۇڭگونىڭ پەلسەپە تەرەققىياتىغا دۇنياۋى نەزەردە تۇرۇپ قاراش ?p=12153 ?p=12153#respond Thu, 23 Jul 2015 11:02:27 +0000 ?p=12153 جۇڭگونىڭ پەلسەپە تەرەققىياتىغا دۇنياۋى نەزەردە تۇرۇپ قاراش

ياڭ گوروڭ

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

(بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان) 

ئۇزاق تەرەققىيات داۋامىدا پەلسەپەدە ھەم ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات خاھىشى نامايان بولدى، ھەم كۆپ خىل ھالەت شەكىللەندى. كېيىنكىسى ئوخشىمىغان پەيلاسوپلارنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە ئوخشىمىغان پەلسەپە ئېقىملىرىنىڭ ئۆزىگە خاس يۆنىلىشىدە گەۋدىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆز ئارا پەرقلىق بولغان مەدەنىيەت سىستېمىسىغا بېرىپ تاقالدى. يېقىنقى زاماندىن ئىلگىرى جۇڭگو پەلسەپىسى بىلەن غەرب پەلسەپىسى ئىككى خىل سىستېما بولۇش سۈپىتى بىلەن نىسبەتەن مۇستەقىل مۇھىتتا تەرەققىي قىلدى. ئىككى پەلسەپە سىستېمىسى چىڭ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قىسقا، ئاندا- ساندا ئۇچراشقاندىن باشقا، بۇ ئىككى پەلسەپە سىستېمىسى ئارىسىدا ماھىيەتلىك ئۇچرىشىش كۆرۈلمىدى. لېكىن، يېقىنقى زاماندىن كېيىن، بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى. غەرب پەلسەپىسىنىڭ شەرققە سىڭىپ كىرىشى ھەمدە جۇڭگو پەلسەپىسىنىڭ غەرب پەلسەپىسىگە بولغان تۈرلۈك ئىنكاسلىرى پەلسەپىۋى تەپەككۇر ئۆزىنى قاچۇرالمايدىغان تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئايلاندى. جۇڭگو پەلسەپىسىنى دۇنياۋى نەزەردە تۇرۇپ قانداق چۈشىنىش مەسىلىسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ پەيدا بولدى.

جۇڭگو پەلسەپىسى بىلەن غەرب پەلسەپىسىنىڭ شەكىل ۋە ماھىيەت جەھەتتىكى پەرقى

تارىخىي نۇقتىدىن تۇرۇپ قارىغاندا، رايون خاراكتېرلىك ھەمدە ئوخشىمىغان مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى. جۇڭگو- غەرب پەلسەپىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل پەرق شەكىل ۋە ماھىيەت جەھەتتىكى ئىككى قاتلامدا گەۋدىلەندى.

شەكىل قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، پەلسەپە لوگىكىلىق تەپەككۇر ۋە تەن ئارقىلىق سېزىش، تەن ئارقىلىق ھېس قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. بىراق، ئوخشىمىغان پەلسەپە فورمىلىرىغا كونكرېت ئەھمىيەت بېرىشتە ئوخشىماسلىق بار. نىسبىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، غەرب پەلسەپىسى دەسلەپكى مەزگىللەردىن باشلاپلا لوگىكىلىق تەھلىل ۋە لوگىكىلىق يەكۈنگە بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن. جۇڭگو پەلسەپىسى بولسا دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، تەن ئارقىلىق سېزىش، تەن ئارقىلىق ھېس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ماھىيەتلىك قاتلامدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەلسەپىۋى تەپەككۇر ئۆزلۈكنى تونۇش ۋە ئۆزلۈكنى يارىتىش بىلەن دۇنيانى تونۇش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە بېرىپ چېتىلغان. مەيلى جۇڭگو پەلسەپىسى ياكى غەرب پەلسەپىسى بولسۇن، ھېچقايسىسى مۇشۇ تۈپ مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. ھالبۇكى، ئەھمىيەت بېرىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەر ئىككىلىسى ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان. ئەگەر غەرب پەلسەپىسى دۇنيانى تونۇش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ دېيىلسە، ئۇ ھالدا جۇڭگو پەلسەپىسى ئەھمىيەت بېرىش نۇقتىسىنى ئۆزلۈكنى تونۇش ۋە ئۆزلۈكنى يارىتىشقا بەكرەك قاراتقان.

ئەلۋەتتە، پەرقنى يۇقىرىقىدەك ئايرىشنىڭ ئەھمىيىتى نىسبىي بولىدۇ. بىز ھەم شەكىل قاتلىمى نۇقتىسىدىن «جۇڭگو پەلسەپىسىدە لوگىكىلىق تەھلىل ۋە لوگىكىلىق يەكۈن كەمچىل، غەرب پەلسەپىسى دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر ۋە تەن ئارقىلىق سېزىش، تەن ئارقىلىق ھېس قىلىشنى رەت قىلىدۇ» دېيەلمەيمىز، ھەم ماھىيەتلىك قاتلام نۇقتىسىدىن «جۇڭگو پەلسەپىسى دۇنيانى تونۇش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە تامامەن ئېتىبارسىز قارايدۇ، غەرب پەلسەپىسى بولسا ئۆزلۈكنى تونۇش ۋە ئۆزلۈكنى يارىتىشقا سەل قارايدۇ» دېيەلمەيمىز. جۇڭگو پەلسەپىسى بىلەن غەرب پەلسەپىسىنىڭ ئېتىبار بېرىدىغىنى ئوخشىمايدۇ، شۇنداقلا كۆپ خىل مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا ۋە تارىخىي ماكاندا دۇنيانى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چۈشىنىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.

بىلىملەرنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن دۇنيا تارىخىنىڭ شەكىللىنىشى

«دۇنيا پەلسەپىسى» نى بارلىققا كەلتۈردى

تارىخ رايون چەكلىمىسىدىن ھالقىپ چىقىپ دۇنيا تارىخىغا يۈزلەنگەنسېرى، تارىخىي ماكان قاتارلىق جەھەتلەردىكى چەكلىمىلەردە مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۆسۈشلەر بارلىققا كەلدى. بۇ، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن چېگرادىن ھەقىقىي ھالقىپ چىقىپ، پۈتكۈل دۇنياغا بولغان چۈشىنىشنى تارىخىي ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يېقىنقى دەۋرلەردىن بۇيان، بىلىمنىڭ ئۈزۈكسىز پارچلىنىشىغا ئەگىشىپ، پەن مەنىسىدىكى ئوخشىمىغان بىلىم فورمىلىرى تەدرىجىي ھالدا نىسبەتەن مۇستەقىل بولغان مەرتىۋىگە ئېرىشتى ھەمدە بارغانسېرى مەخسۇسلىشىش، كەسپلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. بىلىمنىڭ بۇنداق تەدرىجىي پارچىلىنىشى ھەم ئەقىلنىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ كېلىشىنى مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلىدى ھەم چەكلىمىدىن ھالقىپ بىرلىككە كەلگەن قاتلامدىن دۇنيانى چۈشىنىشنى بارغانسېرى زۆرۈرىيەتتەك بىر خىل ھالەتكە ئەكەلدى.

تەپەككۇرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىلىمنىڭ پارچىلىنىشى كىشىلەرنىڭ ئىدراكىي ئۇسۇل بىلەن دۇنيانى ئىگىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. ئەمەلىيەتتە، مەۋجۇدىيەتنى ئىدراكىي ئۇسۇلدا چۈشىنىش ـــ يېقىنقى دەۋرلەردىن بۇيان بىلىمنىڭ ئۈزۈكسىز پارچىلىنىش جەريانىدىكى ماس قەدەملەك يۈزلىنىش بولۇپ گەۋدىلەندى. ئۇنداقتا، بىلىملەر پارچىلىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن دۇنيانىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قانداق ئىگىلەيدۇ؟ بۇ ـــ ھازىرقى زامان پەلسەپە تەتقىقاتى ئۆزىنى قاچۇرالمايدىغان مەسىلە. مۇشۇ مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش جەريانى ـــ دەل «دۇنيا پەلسەپىسى» گە يۈرۈش قىلىش جەريانىدۇر. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئاتالمىش «دۇنيا پەلسەپىسى» نى ئەقىلنىڭ زامانىۋى شەكلى ياكى زامانىۋى شەكىلدىكى ئەقىل دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

پەلسەپە ئەقىل فورمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەم بىلىمنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىش ئارقىلىق ئومۇمىي يۈزلىنىشنى ئىپادىلەيدۇ ھەم ئىچكى جەھەتتىن قىممەت جەھەتتىكى ئەھمىيەت بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنى شۇكى، «دۇنيا پەلسەپىسى» ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن دۇنيانىڭ ئادەمگە بولغان ئەھمىيىتىنى چۈشىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەيلى دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئەقىل فورمىسى بولسۇن ياكى زامانىۋى ئەقىل فورمىسى بولسۇن، پەلسەپە مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا «以人观之». بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «以人观之» ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلى ياكى ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا دۇنياغا بولغان تونۇش ۋە چۈشەنچىنى قانات يايدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنىدىكى «以人观之» ھەرگىزمۇ «以道观之» بىلەن توقۇنۇشمايدۇ. ئاتالمىش «以道观之» ئادەمنىڭ دۇنيانى ئەخلاق ئۆلچىمى نۇقتىسىدىن «كۆزىتىشى» دىن باشقا نەرسە ئەمەس.

كەڭ نەزەردىن قارىغاندا، «تارىخنىڭ تامامەن دۇنيا تارىخىغا ئايلىنىشىغا ئۆزگىرىشى» ھەمدە جۇڭگو ۋە غەرب پەلسەپىسىنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىشى ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا جۇڭگو پەلسەپىسى بىلەن غەرب پەلسەپىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ھەقىقىي مەنىدىكى دۇنياۋى ئۆلچەمگە ئىگە بولۇشقا باشلىدى، پەلسەپەنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى «دۇنيا پەلسەپىسى» گە يۈرۈش قىلىشتىن دېرەك بەردى. تارىخنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى دۇنيا تارىخىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى تەدرىجىي گەۋدىلىنىشكە باشلىدى، ئىنسانلارنىڭ كىملىك مەسىلىسى ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدىنمۇ بەكرەك زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى. ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىدىئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەر خىل شەكىلدىكى پەرق، توقۇنۇشلار ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بىراق، بۇنداق پەرق ۋە توقۇنۇشنىڭ ئۆزىمۇ يەنىلا دۇنيا تارىخىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە بولۇپ، بۇ پەرق ۋە زىددىيەتلەرنىڭ پەسىيىشى ئومۇمىي دۇنياۋى نەزەرىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئومۇمىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق، مۇھىتنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىقلار بارغانسېرى رايون، مىللەت ۋە بىر دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىپ، دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلاندى. ئوخشىمىغان دۆلەت، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى تەدرىجىي ھالدا ئۆز ئارا زىچ بىرلەشتى. بۇنداق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا «دۇنيا پەلسەپىسى» ئىنسانلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە دۇنيانى كۆزىتىشىنىڭ ئادەمگە بولغان ئەھمىيىتى بولۇپ ئىپادىلەندى. بۇ خىل ئەھمىيەت يالغۇز دۇنياغا بولغان چۈشەنچە ئارقىلىقلا ئىپادىلىنىپ قالماي، بەلكى دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۈزۈكسىز دەلىللەندى.

دۇنياۋى نەزەردىكى جۇڭگو پەلسەپىسىنىڭ تەرەققىيات يولى

دۇنياۋى نەزەردىكى پەلسەپەنىڭ تەرەققىيات يولى ئوخشىمىغان پەلسەپەلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. كېيىنكىسىدىن قارىغاندا، دۇنياۋى نەزەردىكى پەلسەپە ياكى «دۇنيا پەلسەپىسى» پەلسەپە تەرەققىياتىنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەنبەسى ۋە كۆپ مەنبەلىك ئەقىلگە يەنىمۇ چېتىشلىق بولىدۇ. بۇ مەنىدىكى «دۇنيا پەلسەپىسى» تاق ياكى بېكىك ئەنئەنىدىن ھالقىش، ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا شەكىللەنگەن ئوخشىمىغان ئەقىل فورمىسىدىن پايدىلىنىپ دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئۈزۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە پەلسەپىۋى ئويلىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.

ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلدە جۇڭگو پەلسەپىسى، غەرب پەلسەپىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسىدە نىسبىي مۇستەقىل ھالەتتە تەرەققىي قىلغان. تارىخ دۇنيا تارىخىغا ئايلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا پەلسەپە تۇنجى قېتىم ھەقىقىي مەنىدە تاق نەزەرىيە مەنبەسى ۋە ئەنئەنىسىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئىنسانلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئەقىل- پاراسىتىدىن ھەقىقىي پايدىلىنىش ئارقىلىق دۇنيانى ۋە ئادەمنىڭ ئۆزىنى تونۇدى ھەمدە دۇنيانى ۋە ئادەمنىڭ ئۆزىنى يارىتىش جەريانىدا ئەركىن غايىسىنى ئۈزۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

كۆپ قاتلاملىق مەنبەلەردىن ئوزۇق ئېلىش، قەدىمىي ئەمما دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان پەلسەپە مەسىلىسىدە ئىجادىي جەھەتتىن ئىزاھلاش جەھەتتە جۇڭگو پەلسەپىسى مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن. جۇڭگو پەلسەپسى تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا توپلانغان مول ئەقىل- پاراسەت مەنبەسىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ناھايىتى مول نەزەرىيەۋى پەزىلەتكە ئىگە بولۇپ، ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساق روھىي ھالەت بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى (غەرب پەلسەپىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. تارىختا جۇڭگو پەلسەپىسى مۇشۇ شەكىلدە سىرتتىن كەلگەن بۇددا دىنىنى ھەزىم قىلىش ۋە قوشۇۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنى بېيتقان ھەمدە تەرەققىي قىلغان. جۇڭگو پەلسەپسى بۈگۈن ۋە كەلگۈسىدە ئۆزىدە مۇجەسسەملەنگەن مول ئىدىيەۋى نەتىجىلەر ھەمدە ئېچىۋېتىلگەن مەۋقەدىن چىقىپ تۇرۇپ، غەرب پەلسەپىسىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئادەمگە بولغان تەتقىقات ۋە تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

(«شىنخۇا تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 8- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)

 

مۇھەررىر: ئوسمانجان مۇھەممەت

]]>
?feed=rss2&p=12153 0
پەيلاسوپلار نېمە دەيدۇ ?p=10884 ?p=10884#respond Mon, 25 May 2015 09:22:46 +0000 ?p=10884 ئەقلىي ئويغىنىش

ۋۇ گۇاڭيۈەن

تەرجىمە قىلغۇچى : ھەزرىتى ئەلى بارات

 (بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2010- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان)

 2500 يىل بۇرۇن گرېتسىيەلىك پىراتاگرا: «ئادەم – مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى» دېگەن ياڭراق شۇئارىنى توۋلىغانىدى .

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئادەم» ئىجتىمائىي «ئادەم» نى كۆرسەتمەستىن ، بەلكى يەككە «ئادەم» نى ، يەنى ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىدۇ . ئەگەر مۇشۇ يەككە بولمايدىكەن ، دۇنيادا توغرا بىلەن خاتانىڭ ، ياخشى بىلەن ياماننىڭ ھېچ ئېتىبارى قالمايدۇ . سىزدىن ئىبارەت يەككە بولغاندىلا ئاندىن ياخشى بىلەن يامان ، توغرا بىلەن خاتا ھەققىدىكى باھالارنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ . ئىدراك – ھەممىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم . ئەنئەنە ياكى ئاۋامنىڭ كۈچىنىڭ قانچىلىك زور بولۇشىدىن ، ھەتتا سىزگە خىلمۇ خىل بەدناملارنى ئاتا قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ، ھەرگىز ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەڭ . شۇڭا سوقرات مۇنداق دېگەن :

«دۇنيادا ھېچكىمنىڭ باشقىلارغا «ئۇنىڭغا ياكى بۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىسەن» دەپ بۇيرۇق قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلى خالىغىنىنى قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالىدىغان ھوقۇقى يوق .»

«ھەممىدىن گۇمان قىلىش ، ئۆزىگە ئىشىنىش» – شۇ چاغدا كىشىلەر ئەڭ چوقۇنىدىغان كۆز قاراش ئىدى .

يىراق ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسىمىدا تاغ جىنسىدىن پەيدا بولغان كىچىككىنە بىر يېرىم ئارال بار ، بۇ ئارال قىسقىغىنە ئىككى ئەسىر ۋاقىت ئىچىدىلا غەرب جەمئىيىتىنىڭ 2500 يىللىق تۇرمۇشىغا ئاساس سالدى . بۇ ئارال دەل قەدىمكى يۇناندۇر .

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 492 – يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 449 – يىلىغىچە ، قەدىمكى يۇنان بىلەن پارس ئىمپېرىيىسى ئارىسىدا زور كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىدى ، تارىختا بۇ ئۇرۇش «گرېتسىيە – پېرسىيە ئۇرۇشى» دەپ ئاتالدى . ئۇرۇش گرېتسىيە تەرەپنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى . گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافېنا غالىپلىق ھەيۋىسى بىلەن ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ «غوجا ئاكىسى» غا ئايلاندى . شۇنىڭ بىلەن ، ئەتراپتىكى باشقا جايلارنىڭ مەدەنىيىتى تەدرىجىي ھالدا ئافېناغا توپلىنىپ ، گرېتسىيە تارىخىدىكى تۇنجى سەھىپىنى ئاچتى ۋە «گرېتسىيە ئويغىنىش دەۋرى» باشلاندى .

«ئويغىنىش» دېگىنىمىز – كىشىنى پۈتۈنلەي ئاڭسىز ھالەتتىكى «نادانلىق» تىن قۇتۇلدۇرۇش ، ئىچكى «ئۆزلۈك ئېڭى» — «ئىدراكىي روھى» نى ئويغىتىش ئارقىلىق «ئۆزلۈك» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش ، «ئۆزلۈك» نى ئەنئەنىنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىدىن ئازات قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .

سوقرات : ئۆزۈڭنى تونۇ

گرېتسىيە – پېرسىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، «پۇقرالار سىياسىيسى» «ئاقسۆڭەكلەر سىياسىيسى» نىڭ ئورنىنى ئالدى ، شەخسنىڭ ئورنى يوقىرى كۆتۈرۈلدى ، پۇقرالارنىڭ ھەممىسى سىياسىيغا بىۋاستە ئارىلىشالايدىغان بولدى . سىياسىي بىلەن ھەپىلىشىشتە بىلىم بولمىسا بولمايتتى ، بىلىم ئاز ساندىكى كىشىلەرگىلا خاس نەرسە بولۇشتىن قېلىپ ، ئاددىي پۇقرالارغىچە ئومۇملاشتى . ئافېنانىڭ كوچىلىرىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىلىم قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى . ئابرويلۇق ، بىلىمدە توشقان زىيالىيلار كوچا – رەستىلەردە ئەركىن نۇتۇق سۆزلىدى ، شاگىرت ئېلىپ ، قانۇن ، تارىخ قاتارلىق پەنلەردىن تەلىم بەردى ، يەنە تېخى شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئوردىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ، ئەنئەنىنى تەنقىد قىلدى .

بۇنداق پۇقرالار سىياسىيسى ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكى گرېتسىيىلىكلەردە باراۋەرلىك ئېڭى ۋە يەككىلىك ئېڭىنى پەيدا قىلدى . ئۆزلۈكنىڭ ئويغىنىشى تەنقىدىي روھ ۋە گۇمانىزمنى تەرەققىي قىلدۇردى . چۈنكى جىمى نەرسە «ئۆزلۈك» نەزىرىنىڭ تەپتىش قىلىشىدىن ئۆتسە ، ئەنئەنىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇشتىن ، نوپۇزغا قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن ساقلانغىلى بولاتتى . مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى غەرب دۇنياسىدىكى دەسلەپكى «گۇمانىزم ھەرىكىتى» نى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى . بۇ يۈزلىنىشكە ۋەكىللىك قىلغۇچىلار «ئەقلىيچىلەر ئېقىمى» بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سوفسىتلار ۋە گۇمانىزمچىلار ئىدى . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى پراتاگرا بىلەن سوقرات ئىدى .

1 . ئادەم – مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى

پراتاگرا سەرگەردان پەيلاسوپ بولۇپ ، سەپەرگە بەكلا ئامراق ئىدى ، ئۇ سەپەرگە چىقسا سەرگەردان شاگىرىتلىرىمۇ بىللە چىقاتتى . ئېيتىلىشچە ، سەپەردە نەچچە يۈز ئادەم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولاتتىكەن . ئۇ كىشىلەرنىڭ ناھايىتى قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن پەيلاسوپ بولۇپ ، ھەتتا رىكرېسمۇ ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىكەن .

پراتاگرا غەربنىڭ 2500 يىللىق تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن «ئادەم – مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى!» دېگەن شۇئارنى توۋلىدى .

دۇنيادا مۇتلەق ھەقىقەت بولمايدۇ ، ئاتالمىش ھەقىقەت ھەربىرىمىزنىڭ كەچۈرمىشى ۋە تونۇشىمىزدىن باشقا نەرسە ئەمەس . دۇنيادىكى ئادەم قانچىلىك بولسا ھەقىقەتمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ ، ھاياتىڭىزدىكى كەچمىشلەر قانچىلىك بولسا ، ھەقىقەتمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ . ئادەم – جىمى نەرسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم . «ئادەم» ياكى «يەككە» بىر پەلسەپىۋى ئاتالغۇ بولۇش سۈپىتى بىلەن ، پراتاگرا تەرىپىدىن ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان .

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئادەم» ئىجتىمائىي «ئادەم» نى ئەمەس ، بەلكى يەككە «ئادەم»نى ، يەنى ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى ، ئەگەر مۇشۇ يەككە بولمايدىكەن ، دۇنيادا توغرا بىلەن خاتانىڭ ، ياخشى بىلەن ياماننىڭ ھېچ ئېتىبارى قالمايدۇ . سىزدىن ئىبارەت يەككە بولغاندىلا ئاندىن ياخشى بىلەن يامان ، توغرا بىلەن خاتا ھەققىدىكى باھالارنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ .

پراتاگرا «ئاتىئېزمچى» دەپ ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان . بۇ چاغدا ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان بوركېرس ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا ، پراتاگراغا «قېچىش» تىن باشقا يول قالمىغانىدى . قېچىپ كېتىۋاتقاندا ، ئۇ ئولتۇرغان كېمە بەختكە قارشى خادا تاشقا سوقۇلۇپ كەتكەن . ئۇ نەق مەيداندا ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر بولمىغان .

2 . تەقدىرىمىزنى يارىتىدىغىنىمىز – بىز ئۆزىمىز

سوقرات ھەركۈنى تاڭ يورۇماستىلا ئورنىدىن تۇرۇپ تېز – تېز ناشتا قىلاتتى – دە ، تونىنى كىيىپ ، كاناپتىن تىكىلگەن پىلاشىنى يېپىنچاقلاپ ، بىرەر دۇكان ياكى ئىبادەتخانا ياكى بولمىسا بىرەر ھاممامنى نىشانلاپ ئۆيىدىن چىقاتتى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇنازىرە سۆھبىتى قۇرغۇدەك جايلا بولسا چوڭ رەستىلەردىكى پىنھان بۇلۇڭلارمۇ بولۇۋېرەتتى . ئۇ ياشاۋاتقان ئافېنا شەھىرى ئىلمىي مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە كەيپىياتى ئاجايىپ جانلانغان جاي ئىدى .

سوقرات بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان پەيلاسوپلار ئەينى چاغدا «تەبىئەت دۇنياسى زادى نېمىدىن تەركىپ تاپقان» دېگەن مەسىلىنى تەلقىن قىلىشقىلا بېرىلىپ كەتكەن ئىدى . مەسىلەن ، تېيلىس تەبىئەت دۇنياسى «سۇ» دىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان ، ھېراكلېت « ئوت» تىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان ، دېموكرېت بولسا «ئاتوم» دىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان . سوقراتنىڭ قارىشىچە ، بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق بولۇپ ، بۇنداق قىلىش ۋاقىت ۋە زېھىننى ئىسراپ قىلىش ، ئۆمۈرنى بىكار ئۆتكۈزۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ نەزەرىدە ، كىشى ئۆزىدە ئېتىقاد تىكلىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك ئىدى ، تەبىئەت بىلىملىرىنىڭ بولماسلىقى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس ئىدى ، سۇ ، ئوت ، ھاۋا قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشىنىشنىڭ روھنى قۇتۇلدۇرۇشقا نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىدى . شۇ ۋەجىدىن ، سوقرات ئافېنادىكى دېلفېن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ئۆگزىسىگە ئويۇلغان «ئۆزۈڭنى تونۇ» دېگەن ئەقلىيە سۆزنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى چوڭقۇر ئىلھام ئالغان . ئۇ : «مانا بۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئۇلۇغ ھەقىقەت ، پەلىسەپىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ۋەزىپىسى» دېگەن . «سىز ئۆزىڭىز» بولغاندىلا ئاندىن بىزنىڭ توختىماي ئىزدىنىشىمىزگە زۆرۈرىيەت تۇغۇلىدۇ .

پراتاگرا : «ئادەم – جىمى مەجۇداتنىڭ ئۆلچىمى» دەيدۇ . پراتاگرانىڭ بۇ ھۆكۈمى ناھايىتى تېزلا ئەقلىيلىك نەزەرىيسى دەپ قارالغان . بۇنداق بولغاندا ، پىكىر قالايمىقانچىلىقى كۆرۈلۈپ ، ھەممە ئۆز كۆز قارىشىنى بازارغا سالىدىغان ، ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەپ قارىۋالىدىغان كەيپىيات باش كۆتۈرۈپ قالاتتى . ھېس – تۇيغۇلىرىغا بېرىلگەندە ، روھىي كەيپىياتىنىڭ تىزگىنىگە چۈشۈپ قالغاندا ، بۇنداق ئەھۋال مۇقەررەر كېلىپ چىقاتتى . سوقرات بۇنىڭغا : «كىشىدىكى كۆرۈنمەس ئاڭ ئالەمدىكى جىمى مەۋجۇداتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچىمى ؛ تەقدىرىمىزنى يارىتىدىغىنىمىز تەڭرى ئەمەس ، بەلكى ئۆزىمىز» دەپ تۈزىتىش بەرگەن . سوقرات بۇ يەردە ئىدراكنى ئادەمنىڭ ماھىيىتى ۋە ئەڭ يۈكسەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى دەپ قارىغان .

ئىدراك – ھەممىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم . ئەنئەنە ياكى ئاۋامنىڭ كۈچىنىڭ قانچىلىك زور بولۇشىدىن ، ھەتتا سىزگە خىلمۇ خىل بەدناملارنى ئاتا قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ، ھەرگىز ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەڭ .

3 . بىلىمسىزلىكىڭنى تونۇ

«بىلىمسىزلىكىڭنى تونۇ» . بۇ – سوقراتنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى بىر خىل ئۇسۇلى ، يەنى ئۆزگىچە بولغان «دىئالوگلىشىش» ئۇسۇلى . سوقراتنىڭ قارىشىچە ، پاراسەت ياكى بىلىم ھەرگىزمۇ بېكىتىلىپ قويۇلغان ھالەتتە بولماستىن ، بەلكى شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلاپ تۇرىدىغان بىر خىل جەرياندۇر . شۇڭا ، ھەقىقەت ئۈستىدە دېئالوگلاشقاندا ئالدى بىلەن چوقۇم : «بىز ھېچنېمىنى بىلمەيمىز ، شۇنداقلا ھەقىقەتەن بىلمەيمىز» دېگەننى پەرەز قىلىۋېلىش كېرەك .

سوقرات مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ : ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ئالدىنئالا پەرەز قىلغاندا ، بىرىنچى بولۇپ «ئومۇمىي پەزىلەت (مەسىلەن ، باتۇرلۇق ، ئادالەت دېگەندەك) دېگەن نېمە» دەپ سۇئال قويۇلۇشى ، جاۋاب بەرگۈچىمۇ مۇئەييەن بىر پەزىلەتنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىشى ، سۇئال قويغۇچى يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ ، مۇنازىرىنىڭ يۆنىلىشنى بايا دەپ ئۆتۈلگەن ئومۇمىي پەزىلەت تەرەپكە بۇرۇشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا ، سۇئال قويغۇچى جاۋاب بەرگۈچى ئوتتۇرىغا قويغان مەلۇم بىر كونكېرت ھەرىكەتنىڭ پەزىلەتنىڭ ئۆزى ياكى ئەمەسلىكىگە قارىتا ئۆز گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، شۇنىڭغا زىت بولغان مىساللار ئارقىلىق قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلىدۇ . بۇنىڭدىن شۇنى ئاشكارا قىلىشقا بولىدۇكى ، مۇشۇ كونكېرت بولغان ، كۆرۈنۈشتە قارىمۇقارشى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان مىساللار ئوخشاش بىر خىل پەزىلەت دەپ ئاتىلىپ ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ، ئورتاق ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ . مۇشۇنداق بولغاندا ، دېئالوگلاشقۇچىلار چىققىلى بولمايدىغان بىر خىل يۈكسەك چوققىغا يۈزلىنەلەيدۇ – دە ، دېئالوگلاشقۇچىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە بۈيۈكلۈككە ئىنتىلىدىغان بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ .

بىلىمسىزلىكىنى تونۇش ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىدىغان بۇنداق «دېئالوگلىشىش» ئۇسۇلى سوقراتنىڭ «بىلىمسىزلىك» ئىپادە قىلغان كامالەتكە يەتكەن پاراسىتىدۇر . ئۇ پاراسەتكە ، بىلىمگە ئىنتىلىدىغان بۇنداق ئۇسۇلنى «روھ تۇغدۇرۇش تېخنىكىسى» دەپ ئاتىغان .

4 . ئەركىنلىك ئۈچۈن جان پىدا قىل

سوقراتتىن ئىبارەت بۇ «رەستە ناتىقى» ئافېنادىكى «ئۆزگىچە سىياسىي قاراشقا ئىگە» ئەڭ مەشھۇر پەيلاسوپ ئىدى ، ئۇ كونا ئۆرپ – ئادەتلەرنى مەسخىرە قىلىپ ، جاھاننىڭ بۇزۇقچىلىقلىرىغا زەربە بېرەتتى ، ئۆزىنى جەمئىيەتنىڭ سەرخىللىرى دېيىشىۋالغان سىياسەتۋازلارنىڭ ئەپتى – بەشرىسىنى ئايىماي ئېچىپ تاشلايىتتى . چاۋىسى چىتقا يېيىلىپ شەرمەندە بولغان ھۆكۈمەت ئاخىرى سوقراتنى «قۇتراتقۇلۇق جىنايىتى» ، «ئەخلاقنى بۇلغاش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئالدى .

سوقراتنى 501 نەپەر كىشىدىن تەركىپ تاپقان زاسېداتېللار ئۆمىكى سوراق قىلدى . مۇنازىرىدە يېڭىلمەس بۇ پەيلاسوپ سوتتا ئۆزىنى سوراق قىلىۋاتقان سودىيەلەرگە گەپ بەرمەي ، ئۆز تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۇ مۇنداق دېدى :

«دۇنيادا ھېچكىمنىڭ باشقىلارغا <ئۇنىڭغا ئىتىقاد قىل ، بۇنىڭغا ئېتىقاد قىل> دەپ بۇيرۇق قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلى خالىغىنىنى قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالىدىغان ھوقۇقى يوق .»

«كىشى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشتا تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە بولۇشى ، ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك .»

«كىشىدە پەزىلەت ۋە ئېتىقادلا بولىدىكەن ، دوست – يارەنلىرىنىڭ ياردىمىسىزمۇ ، خوتۇن – بالىسى ۋە ئائىلىسى بولماي تۇرۇپمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ .»

ھالبۇكى ، سودىيەلەر سوقراتنىڭ گېپىنى زادىلا چۈشەنمىدى ، چۈنكى ئۇلار سوقراتنى كۆزدىن يوقىتىشنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىنى يوقىتىشقا باراۋەر ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنەتتى . سوت كۆپ سانلىق بىلەتكە ئاساسەن ئەڭ ئاخىرى سوقراتنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى .

سوقرات ئۆلۈپ 10 نەچچە يىلدىن كېيىن ، ئىدىيىسى ئىلگىرىكىدىنمۇ كەڭ تارقالدى ، پەلىسەپىمۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تەبىئىيلا ئادەملەرگە ، ئادەملەرنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىنى قېزىشىغا ، ئۆزلۈك ئېڭىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە قاراپ يۈزلەندى .

ئەپلاتۇن : كىشىدە ئىدىيە بولمايدىكەن ، تىرىك مۇردىدىن پەرقى قالمايدۇ

ئەپلاتۇن سوقراتنىڭ «ئەقلىيلىك» توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى راۋاجلاندۇردى ، ئەقلىيلىكنى يەنىمۇ ئابىستراكىتلاشتۇرۇپ «ئىدىيە» (Idea) دەرىجىسىگە كۆتەردى ، يەنى ماددىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بوپ تۇرالايدىغان ئەقلىي سۇبىستانسىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ، ئۇ مۇتلەق بولىدۇ ، دېدى . ئىدىيە بىلەن تاناسىپ تۇرىدىغىنى – ھادىسىدۇر . ھادىسىلەر دۇنياسى پەيدا بولۇپ ۋە يوقۇلۇپ تۇرىدىغان ماددىي دۇنيا بولۇپ ، تاناسىپ بولىدۇ . ئىدىيە – ئەسلى زاتتۇر ، مەقسەتتۇر ، ھادىسە ئىدىيە تەرىپىدىن پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئىدىيىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ ، بىلىمىمىز بىزنى ئىدىيە تەرەققىياتىغا قاراپ يېتەكلەيدۇ .

ئىدىيە نەزەرىيىسى قەدىمكى يۇناننىڭ ئەقلىي روھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يۈكسەك بىر چوققىغا چىقاردى .

1 . جامائەت مەڭگۈ ئادەت كۈچى ۋە بىر تەرەپلىمىلىك ئىچىدە ياشايدۇ

ئەپلاتۇن بىز ياشاۋاتقان دۇنيانى قاراڭغۇ «ئۆڭكۈر» گە ، ئىدىيىنى بولسا ئاشۇ «ئۆڭكۈر» نىڭ سىرتىدىكى «قۇياش» قا ئوخشىتىدۇ . ئەپلاتۇن بۇ قاراڭغۇ «ئۆڭكۈر» نى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ :

ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكىرىسىدە كىچىكىدىن مۇشۇ يەردە ياشىغان بىر توپ مەھبۇس بار ئىدى (نادانلىق ئۇلارنىڭ روھىنى چىرمىۋالغان ئىدى) ، ئۇلارنىڭ بېشى بىلەن پۇتى باغلاقلىق بولۇپ ، ماڭالمايتتى ، ھېچقايان مىدىرلىيالمايىتتى . ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە نېمىشقا باغلاقتىن بوشۇنۇپ چىقىپ كېتىشنى خالىمايدۇ ؟ چۈنكى ئۇلار كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئادەت كۈچىنىڭ ئاسارىتى تۈپەيلى مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلۇشنى خالىمايىتتى .

ئۆڭكۈردە ياشاش تولىمۇ قاباھەتلىك ئىش ، لېكىن مەھبۇسلارنىڭ نەزەرىدە ئۇنداق ئەمەس ئىدى . بىر كۈنى ، مەھبۇسلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن («ئەۋلىيا»سۈپەت قەھرىمان) مىڭبىر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆڭكۈردىن سىرىتقا چىقىپ ، قوياش پارلاپ تۇرغان ھەقىقىي دۇنيانى كۆردى . ئەۋلىيا ھەمراھلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ، ئۇلارنى يورۇقلۇققا يېتەكلەش ئۈچۈن ئۆڭكۈرگە يېنىپ كىردى ، ھەمراھلىرىنىڭ مەسخىرە قىلىشى ۋە چەتكە قېقىشلىرىغا پەرۋا قىلماي ئۇلارنى ئۆڭكۈردىن ئىلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى . لېكىن ، ھەمراھلىرى ئۆڭكۈرنىڭ سىرتىدا باشقا بىر دۇنيانىڭ بارلىقىغا زىنھار ئىشەنمىدى . ئاقىۋەت ، بۇ ئەۋلىيا بىلىمسىز ، يىرگىنىچلىك ، تەرسا ھەمراھلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى .

قارىغاندا ، كۈنبويى خىيالىي دۇنيادا ياشىغۇچى نادان كىشىلەرنى ھەقىقىي دۇنياغا يېتەكلەش ۋە ئۇنى تونۇتۇش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ .

2 . ئۆزىمىز ئۆزىمىزنىڭ خوجايىنى

ئەپلاتۇن مۇنداق قارايدۇ : كىشى ئۆزىگە خوجايىن بولىمەن دەيدىكەن ، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم بولۇش كېرەكلىكىنى ۋە قانداق قىلغاندا شۇنداق ئادەم بولالايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك . ئۇنىڭدىن قالسا ، شۇ كىشىدە نەپسىدىن كېلىۋاتقان ئازدۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرغۇدەك غەيرەت بولۇشى كېرەك . نەپىس كىشى تۇغۇلۇشى بىلەنلا بار بولىدۇ ، شۇنداقلا ئۇ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بوپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسىدۇر . لېكىن ، كىشىنىڭ نەپسى ھەرگىزمۇ ئىرادىسى ئۈستىدىن غالىپ كەلمەسلىكى كېرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن ، كىشى ھەدېسىلا نەپسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ – دە ، ئۆزىنى نەپسىنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىدىن تارتىپ چىقىرالمايدۇ ، بۇ چاغدا ئەقىل – ئىدرىكىمۇ شۇ نەپسىنىڭ قولچۇمىقىغا ئايلىنىدۇ . شۇڭا ، كىشى ئۆزىدە شەخسىي ئارزۇ – ھەۋەسلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يۈكسەكلىك ۋە ئاددىي مەقسەتلەرنى ھازىرلاپ ، قىنىغا پاتمايۋاتقان قايناق ھېسىياتى ۋە نەپسىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشى كېرەك . بۇ يۈكسەكلىك ۋە ئاددىي مەقسەتلەر ئەقلىيلىكنى ئەزەلدىن ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان بولغاچقا ، كىشى پەقەت ياخشى تەربىيە ئارقىلىقلا ئەقىل – ئىدرىكىنى ۋۇجۇدىدا قۇتراپ ئارام بەرمەيۋاتقان قايناق ھېسىياتلىرى ۋە نەپسىگە ھۆكۈمران قىلالايدۇ ، ئەنە شۇندىلا ئۆزىگە خوجايىن بولالايدۇ .

▲ ئارستوتېل : ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا سىياسىي ھايۋان

ئارستوتېلنىڭ «ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا سىياسىي ھايۋان» دېگەن مەشھۇر ھېكمىتىدە ئېيتىلغان «سىياسىي» – شىتاتلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنى ، ئىجتىمائىي گورۇھلارنى كۆرسىتىدۇ . ئادەم ئۆزى يالغۇز مۇستەقىل ياشىيالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ، پەقەت جەمئىيەت – دۆلەتتە ئورتاق بىر يەرگە يىغىلىش ، توپلىشىپ ياشاش ئارقىلىقلا ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ .

1 . خەير – ساخاۋەت ، بايلىق ، سالامەتلىك ۋە دوستلۇقنىڭ ئۆزى بەخىت دېمەكتۇر

ئارستوتېلنىڭ قارىشىچە ، بەخت ئۈچۈن يېتەرلىك ماددىي ئاساس بولۇشى كېرەك . ئۇ بولسىمۇ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ياخشى بولۇش ، تەققى – تۇرۇقى جايىدا بولۇش ، تەلەيلىك بولۇش ۋە ئەتراپىدا ياخشى دوستلىرى بولۇشتىن ئىبارەت . لېكىن ، تاشقىي ۋە ماددىي ياخشىلىق پەقەت ئۇنىڭ پاسسىپ شەرتىدۇر . مەسىلەن ، ئاغرىپ قالغاندا سالامەتلىكنى ، يوقسۇل چېغىدا بايلىقنى بەخىت ئورنىدا كۆرۈش دېگەندەك . توختىماي ياخشىلىق ۋە گۈزەللىك قوغلىشىدىغان ، يەنى «گۈزەل تۇرمۇش» ۋە «ياخشى خۇلق» قا ئىنتىلىدىغان ھەم ئاشۇنداق قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن باشقا جىمى ئادەملەرنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرالىغان كىشى ھەقىقىي بەختلىك كىشىدۇر .

ھالبۇكى ، بىز شۇم قىسمەتلەرگە دۇچار بولغاندىمۇ بەختكە ئېرىشەلەيمىز . چۈنكى ، روھىمىز ھەقىقىي تاۋلانغان بولسا قايغۇ – ھەسرەتنى ھېس قىلالمايدۇ ، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى بەختتۇر . مۇنداقچە ئېيتقاندا ، بەزىدە بەختتىن ۋاز كېچىش ئارقىلىقمۇ بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ . دۇرۇس نىيەت بىلەن ئىش كۆرگەن ، يېتەرلىك بايلىققا ئىگە بولغان ، تېنى ساغلام ۋە ئەتراپىدا دوست – يارانلىرى بولغان (بۇلار ئۇنىڭغا تاسادىپىيلا يار بولۇپ قالماستىن ، مەڭگۈ ئاشۇنداق يار بولغان) كىشىلەرلا ئەڭ بەختلىك كىشىلەردۇر .

ئارستوتېل يەنە مۇنداق دەيدۇ : بەزى ئالىيجانابلىق ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت ئەمەس ، ئۇ يەنە باشقا مەقسەتلەرنى مەقسەت قىلىدۇ . ئالايلۇق ، كىشىلەر شان – شۆھرەت ۋە بايلىققا بەك ئىنتىلىدۇ . ئۇنداقتا كىشىلەر نېمە ئۈچۈن شان – شۆھرەت ۋە بايلىققا شۇنچە ئىنتىلىدۇ ؟ جاۋاب شۇكى ، شان – شۆھرەت ۋە بايلىققا ئېرىشكەندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن . شۇڭلاشقا ، شان – شۆھرەت بىلەن بايلىقنى ئاخىرقى مەقسەت دېيىشكە بولمايدۇ ، پەقەت بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ ئۆزىلا ئاخىرقى مەقسەتكە يەتكەنلىك بولىدۇ .

2 . «ئوتتۇرا ھاللىق» نى ساقلاش : لايىقىدا ياشاشنىڭ ئۆزى ئەڭ زور بەختتۇر

ئارستوتېل تۇرمۇش ھەققىدە ئاددىي بىر پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان ، ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇشتا بەك «زىيادە» لىكنى قوشلاشماسلىق ھەم بەك «ئارقىدا قالماسلىق» تۇر . مانا بۇ – دائىم دېيىلىدىغان ، ئارستوتېل تەشەببۇس قىلغان «ئوتتۇرا يول» دۇر .

ئارستوتېل «گۈزەل خۇلق دېگەن نېمە» ھەققىدە مۇھاكىمە قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : «پەزىلەت ھېس – تۇيغۇ ۋە ھەرىكەتنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ . زىيادە چەكلىۋېتىش خاتا ، چەكلىمەي ئەركىگە قويۇۋېتىشمۇ توغرا ئەمەس ، شۇڭا لايىقىدا تىزگىنلەپ تۇرۇش ئەڭ توغرا ھەم مەدھىيىلىكتۇر . كۆڭلى خالىغان ئىشلاردا ئوتتۇرا ھال يول تۇتالىغان كىشى پەزىلەتلىك كىشىدۇر.»

ئالايلۇق ، باتۇرلۇق – ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش دېمەكتۇر ، شۇڭلاشقا ئۇ گۈزەل پەزىلەت قاتارىدا سانىلىدۇ . باتۇرلۇقنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش قاراملىقتۇر . لېكىن ، شىجائەتسىزلىكنىڭ ئۆزى قورقۇنچاقلىقتۇر . پەزىلەتمۇ لايىقىدا بولۇش كېرەك ، ئەگەر  زىيادە بېسىلسا نەپىس تۇنجۇقۇپ قالىدۇ ؛ زىيادە مەيلىگە قويۇۋېتىلسە شەھۋەتپەرەسلىك باش كۆتۈرىدۇ . مال – دۇنيا مەسىلىسىگە كەلگەندە سېخىيراق بولۇشنىڭ ئۆزى پەزىلەت ، لېكىن زىيادە سېخىيلىق – بۇزۇپ چېچىش ، ئىسراپخورلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئەكسىچە بولسا پىخسىقلىق ، كۆزى كىچىكلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر .

ئارستوتېلنىڭ قارىشىچە ، جىمى ھېس – تۇيغۇ ۋە ئىش – ھەرىكەتتە ئوتتۇرا يول تۇتۇپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ . بەزى نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزىدىنلا رەزىللىك ، يەنى يامان غەرەز ، نۇمۇسسىزلىق ، ھەسەتخورلۇق ، ئوغرىلىق ، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېگەندەك قىلمىشلار ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ . مانا مۇشۇنداق ھېس – تۇيغۇ ۋە ئىش – ھەرىكەتلەر زىيادە بوپ كەتكەنلىكى ياكى زىيادە بېسىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۇلار ئەسلىدىنلا رەزىل قىلمىش بولغاچقا تەنقىدكە دۇچ كېلىدۇ .

▲ ئېپىكۇر : ياشىسام ، كۈلسەملا بولدى

ئېپىكۇر كىشىلىك ھايات مەسىلىسىدە ھاياتنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنىلا تەكىتلەش بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ ، شەخسىي تۇرمۇشنىڭ ئىجتىمائىي رېئال ئارقا كۆرۈنۈشىگە سەل قارىغان . لېكىن ، كىشىلىك ھاياتتىكى بەختنى تەن ۋە روھنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ لايىھىلەشكە زېھنىنى بەكرەك قاراتقان .

1. ھاياتنىڭ ھوزۇرى : تەن ئازابلانمىسا ، روھ خاتىرجەم بولىدۇ

ئېپىكۇر ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : تۇيغۇنى جىمى ياخشىلىقلارنى ئايرىيدىغان ئۆلچەم قىلىش كېرەك . كىشىگە ھوزۇر ئاتا قىلىدىغان نەرسە ياخشى نەرسىدۇر ، ئۇنداق بولمىسا يامان نەرسىدۇر .

ھېس – تۇيغۇ – ئەڭ سوبىيېكتىپ ، ئەڭ خاسلىققا ئىگە نەرسىدۇر ، ئۇ ناھايىتى قىسقىلا داۋام قىلىدۇ . ھېس – تۇيغۇنى كىشىلىك ھايات نەزەرىيىسىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى قىلىش بىر دەۋردىكى ئىدراكنىڭ گۇڭگىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . چۈنكى ، ئىدراكتا ئۆزىگە تالىق مەقسەت – مۇددىئالار قالمىغان بولغاچقا ، تۆۋەنلەپ – تۆۋەنلەپ ئاخىرى بېرىپ سوبىيېكتىپ ھوزۇردىن ئىبارەت بۇ خىل ھېس – تۇيغۇنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ . ئىدراكتا تاللاش بولىدۇ ، لېكىن ئۇ ھوزۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا بولىدۇ .

ئېپىكۇر : «تەننى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ھوزۇر ئەمەس ، بەلكى تەننىڭ ئازابلانماسلىقى ، روھنىڭ خاتىرجەم بولۇشى ئەڭ زور ھوزۇردۇر» دەپ ھوزۇرغا ئېنىق چەك بېكىتىپ بەرگەن .

ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنداق كۆرسىتىدۇ : ئەگەر تەننى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش بىراۋغا ئازابلىرىنى ئۇنتۇلدۇرسا ، ھوزۇر ئاتا قىلسا ، ئۇنداقتا تەننى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ياخشى ئىشتۇر . بۇ شۇنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى ، ياخشى ۋە يامان مەسىلىسىدە ئېپىكۇر شەخسىي ھوزۇرنى كىشىلىك ھايات ھەقىقىتىدىن ، كىشىلەرنىڭ ئورتاق بىر بۈيۈك نىشانغا يېتىش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلىش ھەتتا ھاياتىنى تەسەددۇق قىلىشتەك قەھرىمانانە ئىش – ھەرىكىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان . بۇ خىل تەلىمات نوقۇل ھالدىكى شەخسىي ھايات بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .

2 . نەپسى يامانلىق : ئالەمنى گۇمران قىلىدۇ ، ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ

كىشىنىڭ روھى نېمە ئۈچۈن ئارام تاپالمايدۇ ، ساراسىمگە چۈشىدۇ ؟ ئېپىكۇر مۇنداق قارايدۇ : ئىككى نەرسە روھنى ئارام تاپقۇزمايدۇ . بىرى، ئاسمان ھادىسىلىرى مۇقەددەس دەيدىغان كۆز قاراش ؛ يەنە بىرى ، ئۆلۈم كۆز قارىشى .

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتىقاندا ، ئۆلۈم ئالدىدا ۋەھىمىگە چۈشۈپ تىترىمەيدىغان ئادەم يوق . ئېپىكۇر مۇنداق دەپ قارايدۇ : بۇ ۋەھىمە كىشىلەرنىڭ نەپسى بېسىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ . كىشىلەر قوياشنىڭ كۆتۈرۈلۈپ ئاينىڭ پېتىشى ۋە يۇلتۇزلار ھەرىكىتىدىن ئاسمان ھادىسىلىرىنىڭ مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىشىدۇ ، نەتىجىدە ئۆمرىنىڭ تولىمۇ قىسقىلىقىنى تونۇپ يېتىپ ، ئاسمان ھادىسىلىرىدىن ۋەھىمىگە چۈشىدۇ ، روھى خاتىرجەملىكىنى يوقىتىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ، ئېپىكۇرنىڭ ئاتوم نەزەرىيىسى پەلىسەپىسى كىشىلىك ھايات ساھەسىگە سىڭىپ كىرىپ ، كۆپچىلىكنى «ئاسمان ھادىسىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاتومدىن تۈزۈلگەن ، ھېچقانداق مۇقەددەس خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەمەس . ئالەمدە مەڭگۈلۈك مەۋجۇدات مەۋجۇت ئەمەس ، دۇنيانى گۇمران قىلىۋەتكىلى بولىدۇ» دېگەن ھۆكمىگە قايىل قىلغان .

ئېپىكۇرنىڭ قارىشىچە ، ھەرقانداق ۋەھىمە قارشى تەرەپنىڭ سىرىنى چۈشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭا ، كىشىلەر ياشاش داۋامىدا ئەقىل – ئىدرىكىنى چېنىقتۇرۇشى ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشنى ، سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك . بۇ ، كىشىنىڭ قەلبىنى ئارام تاپقۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى .

بىر نۇقتىنى توغرا تونۇۋېلىش كېرەككى ، ئەقىل – ئىدراكنى چېنىقتۇرۇش بىزگە ھايات بولغانىكەن ، ئۆلۈمنىڭمۇ بولىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتتىن ھوزۇر ئېلىشنى ئۆگىتىدۇ . بىز ئۇزۇنراق ياشىسامكەن دېگەن ئوي بىلەن ئەمەس ، بەلكى تويماس نەپسىمىزنى تىزگىنلەش ئارقىلىقلا بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتەلەيمىز . كىشى ئەنە شۇندىلا ئۆلۈمدىن ۋەھىمىگە چۈشمەيدىغان بولىدۇ .

3 . ئۆلۈم ھەققىدە ئېغىز ئاچما : ئۆلۈمنىڭ بىز بىلەن ئالاقىسى يوق

ئېپىكۇر ئۆلۈم ھەققىدە مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزنى قالدۇرۇپ كەتكەن :

«تىرىك چېغىمىزدا ئۆلۈم تېخى يېتىپ كەلمىگەن بولىدۇ ؛ ئۆلۈم كەلگەندە بىز ئاللىقاچان بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىپ بولغان بولىمىز . شۇڭا ، ئۆلۈم تىرىككىمۇ ، ئۆلۈككىمۇ ھېچقانداق مۇناسىۋەتسىز .»

ئەمىسە ، كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئۆلۈم ئالدىمىزدا بولمىسا ، بۇنىڭ قورققۇدەك يەنە نېمىسى بار ؟ كىشىنىڭ قورقىدىغىنى كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئۆلۈمدۇر . مەۋجۇت ئەمەس بىر نەرسىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈش ئۆتۈپ كەتكەن بىمەنىلىك .

ئەينى چاغدا مۇنداق بىر كەيپىيات باش كۆتۈرگەن : ئادەم تىرىكلا بولىدىكەن قايغۇ – ھەسرەتتى نېرى بولالمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىنى ئۆلۈپ كېتىدۇ . شۇڭا ، يەكۈن شۇكى ، ئەڭ ياخشىسى كىشىنىڭ تۇغۇلمىغىنى تۈزۈك ، ئەنە شۇندىلا قايغۇ – ھەسرەتتىن بىر يولىلا خالاس بولىدۇ .

ئېپىكۇر شۇنداق دېگۈچىلەرگە مۇنداق سۇئال قويىدۇ : ئەگەر ئۇلار شۇ زاكونغا راستىنلا ئىشەنسە ، ئەمىسە نېمىشقا ھاياتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ ؟ ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ : كىشى ئۆلۈمدىن قورقماسلىقى ، ھەم ھاياتتىنمۇ بىزار بولماسلىقى كېرەك . ئېپىكۇرنىڭ قارىشىچە ، ياشاشنىڭ مەقسىتى خۇشال پەيتلەردىن بەھىر ئېلىشنى ئىستەش ، ھەرگىزمۇ ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۈشكە ئىنتىلىش ئەمەس . چۈنكى مەنىسىز 100 يىل ياشىغاندىن ، مەنىلىك بىر كۈن ياشىغان ئەۋزەل .

(خەنزۇچە «پەلىسەپە ھەققىدە ئۇستازلاردىن لېكسىيە : زادى نېمە ئۈچۈن ياشايمىز» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى)

]]> ?feed=rss2&p=10884 0 ئېكولوگىيە پەلسەپىسى تەتقىقاتىدىكى بىر قانچە دېئالېكتىكىلىق مۇناسىۋەت ?p=12093 ?p=12093#respond Fri, 27 Feb 2015 10:44:13 +0000 ?p=12093 ئېكولوگىيە پەلسەپىسى تەتقىقاتىدىكى بىر قانچە

دېئالېكتىكىلىق مۇناسىۋەت 

ئوۋ ياڭكاڭ

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

(«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2015- يىللىق 1- ساندا ئېلان قىلىنغان)

ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇش كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلىنىپ قالدى. يېڭى بىر خىل ئىدىيە ۋە ئەمەلىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى جەھەتتە تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك زور مىقداردىكى تەتقىقات تېمىسى پەيدا بولدى. ئېكولوگىيە پەلسەپىسى تەتقىقاتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە بىز دۇچ كەلگەن بىر مۇھىم تەتقىقات تېمىسى دەل بىر يۈرۈش دېئالېكتىكىلىق مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتۇر.

ئېكولوگىيە بىلەن مەدەنىيلىكنىڭ مۇناسىۋىتى

ئەسلى مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېكولوگىيە ـــ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى، ھەتتا ئىپتىدائىي بولغان تەبىئىي مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ھالەت ھەر قايسى تۈرلەرنىڭ يەر شارىدىكى تەبىئىي شەكىللىنىشى، كۆپىيىشى ۋە ئۆزگىرىشى، تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يېتەكچى رول ئوينايدىغان قانۇنىيەت ـــ ياخشىلىرىنىڭ تاللىنىپ ناچارلىرىنىڭ شاللىنىشى، تەبىئىي تاللىنىش قانۇنىيىتىدۇر. دارۋېننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنىڭ بىر مۇھىم ئەھمىيىتى دەل ئۇنىڭ مۇشۇ قانۇنىيەتنى ئېچىپ بەرگەنلىكىدە.

مەدەنىيلىك مەخسۇس ئىنسانىيەتكە ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيتىگە خاس نەرسە بولۇپ، تەبىئىيلىكتىن ھالقىپ، سۈنئىي ۋە ئادەملەشكەن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يېتىشنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئادەم ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدە بىر خىل مەۋجۇدىيەت شەكلى ۋە فورمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەبىئەت دۇنياسىدىن ھالقىپ چىقىش جەريانىدۇر. ئىنسانىيەت تەن قۇرۇلمىسى، تەپەككۇر ئىقتىدارى، تىل قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەبىئىي پەيدا بولمايدىغان ماددا، مۇناسىۋەت، تۈزۈم ۋە ئىدىيە قاتارلىقلارنى بارغانسېرى كۆپلەپ بەرپا قىلدى. بۇلار ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ مول مەزمۇنىنى شەكىللەندۈردى.

كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، مەدەنىيلىك ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇش ھالىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ، ئېكولوگىيە بىلەن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كەتكەن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت مەۋجۇت. بىز ھازىر بۇ زىددىيەتلىك ئۇقۇمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى دېگەن نېمە؟ ئۇ بىر خىل تەبىئىي مەدەنىيەتمۇ؟ تەبىئەت مەدەنىيىتىمۇ ياكى بىر خىل ئىجتىمائىي مەدەنىيەتمۇ؟ ئادەملەشكەن مەدەنىيەتمۇ؟ ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى قۇرۇش جەريانىدا ئېكولوگىيە بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟» دېگەندەك بىر قاتار پەلسەپىۋى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. روشەنكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ـــ ئېكولوگىيەلىك قىممەتكە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى تەكىتلەشتۇر. ئۇ بىزدىن ئىنسانلار مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېكولوگىيە ۋە تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىگە سەل قارىماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈنلەي تەبىئىي بولغان تەبىئەت دۇنياسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇشىمىزنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەستۇر. شۇ ۋەجىدىن، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇش ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر خىل ئېكولوگىيەلىك قىممەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەتتۇر. بۇ ـــ پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان كۆز قاراش ۋە مېتودقا، يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە بىلەن مەدەنىيەتنىڭ دېئالېكتىكىلىق بىرلىكىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئېھتىياجلىق.

ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى

ئېكولوگىيەنى پەلسەپىسى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلغاندا، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى كۈچلۈك رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بۇرۇن: «ئادەم ـــ پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ روھى. ئىنسانلار تەبىئەتنى بويسۇندۇرىمەن دەيدىكەن، چوقۇم تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىشى كېرەك» دېگەنىدۇق. مانا ئەمدى قارايدىغان بولساق، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتى تەبىئەتكە تايىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش ۋە تەبىئەتكە خوجا بولۇش غەرىزى تەبىئەت دۇنياسىنى خالىغانچە بۇلاڭ- تالاڭ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا بىۋاستە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن. شۇڭا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېڭىباشتىن تونۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

كۆپ يىللاردىن بېرى، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئىنسان مەركەزچىلىك مەسلىكى ۋە ئىنسانىيەت مەركەزچىلىكىگە قارشى تۇرۇش مەسلىكى ياكى ناتۇرالچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىزملىق تالاش- تارتىش ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇ ئىككى خىل تالاش- تارتىشتىكى يادرولۇق مەسىلە: «ئادەمنىڭ پائالىيىتى تەبىئىيلىكنى مەركەز قىلامدۇ ياكى سۈنئىيلىكنى مەركەز قىلامدۇ؟ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مۇھىتنى قوغدىشى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈنمۇ ياكى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈنمۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت. بىز ئىنسانلارنىڭ گۈزەل بىر مۇھىت بەرپا قىلىشىنىڭ يالغۇز ئۆسۈملۈك، ھايۋانات قاتارلىقلارغا ئوخشاش تۈرلۈك تەبىئىي مەۋجۇدىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ- يېتىلىشى ۋە ياشىشى ئۈچۈنلا بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈپ يىلتىزىدىن بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى تېخىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. بەلكىم، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىدىن چىقىپ تۇرۇپ مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشى مەڭگۈ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتۇر. شۇڭا بىزنىڭ قارشى تۇرىدىغىنىمىز تار، رادىكاللارچە ئىنسانلار مەركەزچىلىكى بولۇشى؛ تەشەببۇس قىلىدىغىنىمىز مۇۋاپىق يوسۇندىكى ئىنسانلار مەركەزچىلىكى بولۇشى كېرەك.

ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە يەنە زامانىۋى ئىستېمال نۇقتىسىدىن قاراشقىمۇ بولىدۇ. زامانىۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش شۇنىڭ بىلەن ماس ھالدىكى زامانىۋى ئىستېمالنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خىل ئىستېمال ئادەمنىڭ راھەتلىك تۇيغۇسى ۋە بەختىنى مەقسەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەممىسى دېگۈدەك تەبىئىي بايلىق مەنبەسىنى خورىتىشنى شەكىل ۋە ۋاسىتە قىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئىستېمالغا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەكمۇ ياكى ئېستېمالنى چەكلەش كېرەكمۇ؟ زامانىۋىلاشقان تۇرمۇش بەكرەك بەختلىك بولامدۇ ياكى تەبىئىي ھالەتتىكى تۇرمۇش بەكرەك بەختلىك بولامدۇ؟ ئاددىي- ساددىلىق ئادەمگە بەختنى بەكرەك ھېس قىلدۇرامدۇ ياكى ھەشەمخورلۇق ئادەمگە بەختنى بەكرەك ھېس قىلدۇرامدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئىدراكىي تەپەككۇر يۈرگۈزۈشىمىزگە ۋە ئىلمىي تاللىشىمىزغا مۇھتاج.

ئادەملەشكەن تەبىئەت بىلەن تەبىئىي تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى

ئېكولوگىيە بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلىرىدە ئوخشىمىغان خۇسۇسىيەت ۋە ئىپادىگە ئىگە بولىدۇ. بىر تۈپ يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتى ئادەملەشكەن تەبىئەتنىڭ ئۈزۈكسىز كېڭىيىشى ۋە تەبىئىي تەبىئەتنىڭ ئۈزۈكسىز تارىيىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. چارۋىچىلىق جەمئىيىتى ۋە تېرىقچىلىق جەمئىيىتىدە ھايۋانلار بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسى تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە مەۋجۇت بولىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. ئىنسانلار جەمئىيىتى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەبىئىي تەبىئەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەكرار ئىشلەپچىقىرىشىغا تايىنىدۇ. تەبىئەت دۇنياسى بىلەن تەبىئىي قانۇنىيەت ئىنسانلارنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك ئورنىغا نىسبەتەن تۈپ خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ.

يېقىنقى زاماندىن بۇيان، بۇنداق ھالەتتە بارغانسېرى كۆپ ئۆزگىرىش بولدى. زامانىۋى پەن- تېخنىكا ۋاسىتىسى، بولۇپمۇ ماشىنىلاشقان بۈيۈك سانائەتنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنىڭ ياردىمىدە ئىنسانلار تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىستەك ۋە كۈچلۈك كۈچ- قۇدرىتىنى نامايان قىلدى. تەبىئەت دۇنياسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئادەملەشتى ۋە ئىجتىمائىيلاشتى؛ ئادەملەشكەن تەبىئەتنىڭ ساھەلىرى ۋە دائىرىسى مىسىلسىز كېڭەيدى. ئىنسانلارنىڭ تېخنىكىدىن پايدىلىنىش قۇدرىتى ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان چوڭ مۇھىت (مەسىلەن، سۇ ئامبىرى)، كىچىك مۇھىت (مەسىلەن، ھاۋا تەڭشىگۈچ)، يېڭى ماددىي ئەشيا (مەسىلەن، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى)، يېڭى تۈرلەر (مەسىلەن، گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەر)، يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى (مەسىلەن، يادرو ئېنىرگىيەسى) قاتارلىقلارنى بارلىققا كەلتۈردى- يۇ، تەبىئىي بايلىق مەنبەسىنى ئىستېمال قىلىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىيولوگىيەلىك زەنجىرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەبىئىي تەبىئەت ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئغېىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. تەبىئىي تەبىئەت بىلەن ئادەملەشكەن تەبىئەتنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى قارىمۇ قارشىلىقى ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانلارنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشتىكى ئېكولوگىيەلىك ئاساسىدىن مەھرۇم قىلدى. شۇڭا ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى زامانىۋىلىشىش ھەققىدە قايتا ئويلىنىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىگە، تەبىئىي تەبىئەت بىلەن ئادەملەشكەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى تەتقىقاتقا مۇھتاج.

تەبىئەتكە قايتىش بىلەن تەبىئەتتىن ھالقىشنىڭ مۇناسىۋىتى

زامانىمىزدىكى جۇڭگو زامانىۋىلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۈيۈك ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغان. شۇڭا ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى بىر مۇھىم رېئال تېما دەل زامانىۋىلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتۇر. ئېكولوگىيە پەلسەپىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ، تەبىئەتكە قايتىش ۋە تەبىئەتتىن ھالقىش مۇناسىۋىتى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.

تەبىئەتكە قايتىش دېگىنىمىز ـــ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇش ئىدىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ ئومۇمىي گەۋدىلىك مۇساپىسىگىچە سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈ ئايرىلالمايدىغان ماددىي ۋە ئېنىرگىيە ئاساسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈش كېرەك. تەبىئىي قانۇنىيەت يەنىلا ئادەمنىڭ ياشىشى، پائالىيەت قىلىشى ۋە تەرەققىياتىنى نېگىزىدىن چەكلەپ تۇرىدۇ؛ تەبىئىي بايلىق مەنبەسى يەنىلا ئىنسانلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ھەمدە ناھايىتى چەكلىك بولغان قىممەتلىك بايلىقىدۇر؛ ئىنسانلار يەنىلا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، ئۇ يەنىلا تەبىئەت دۇنياسىغا تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا، تەبىئەتكە ھۈرمەت قىلىش ـــ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. تەبىئەتكە ماسلىشىشتا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ تەبىئەت دۇنياسىنى قوغداش ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈپكى بوشلۇقى.

تەبىئەتتىن ھالقىش دېگىنىمىز ـــ تەبىئەتكە قارىغۇلارچە بويسۇنۇش ۋە تەبىئەتنى قارىغۇلارچە بويسۇندۇرۇشتەك ئىككى خىل رادىكال روھىي ھالەت ۋە ئۇسۇلنى يېڭىپ، يېڭى تىپتىكى زامانىۋىلاشقان، سانائەتلەشكەن يول ھەققىدە پائال ئىزدىنىشنى كۆرسىتىدۇ. يېڭى تىپتىكى زامانىۋىلىشىش، سانائەتلىشىش تەبىئەت دۇنياسىغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلمايدۇ، بەلكى تەبىئەتكە ھۈرمەت قىلىش، ماسلىشىش ۋە تەبىئەتنى قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشنى، يېشىل تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولى ھەققىدە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان بوشلۇق ۋەزىيىتى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، بايلىق تېجەش تىپىدىكى ۋە دوستانە مۇھىت تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ.

تەبىئەتكە قايتىش ۋە تەبىئەتتىن ھالقىشتىن ئىبارەت دېئالېكتىكىلىق بىرلىكتە چىڭ تۇرغاندىلا ئاندىن ھەم ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە تەبىئىي بايلىقنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىيالايمىز، ھەم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرىلىتىپ، ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەڭگۈ تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

(«شىنخۇا تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2014- يىللىق 20- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)


]]>
?feed=rss2&p=12093 0
نىتىزى: تارىخ دېگەن نېمە؟ ?p=11868 ?p=11868#respond Sun, 10 Nov 2013 04:12:12 +0000 ?p=11868 نىتىزى: تارىخ دېگەن نېمە؟

تەرجىمە قىلغۇچى:

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

نىتزىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى كېيىنكى سوقرات پەلسەپىسىنىڭ ئىدراكىي، ئەمما دوگما ئۇسۇللىرىدىن يىراقلىشىپ، دىئونىيىسىئوس تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىغا قويغان بىۋاستە سەزگۈ ۋە جىنسىي ھېسسىياتقا ـــ ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ھاياتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئىستېتىك قاراشقا مايىللىشىشتىن ئىبارەت بولدى. بىراق، «ئادىمىيلىك، زىيادە ئادىمىيلىك» (1878) دېگەن كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىشى بىلەن نىتزى ئىدىيەسىنىڭ تېخىمۇ مۇستەقىل، تېخىمۇ تەنقىدىي خاراكتېرلىك بىر تەرىپىنىڭ گەۋدىلەنگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.

«سوقراتنىڭ ئەقلى ھازىر مەلۇم مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدى، بۇ مەسىلە بىر پارچە ئىلمىي ماقالىدىن كېلىپ چىققان …»

«‹تارىختىن پايدىلىنىش ۋە قالايمىقان پايدى؛لىنىش› دېگەن بۇ ماقالە ‹زامانغا ماس كەلمەيدىغان ئىدىيە› (1873- 1876) ناملىق ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.»

بۇ يەردە «تارىخ دېگەن نېمە؟» دېگەن مەسىلە دەۋرگە مۇۋاپىق تەھلىل قىلىنغان، ئۇ 1870- يىللاردىكى پرۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا ئېرىسكەن زور غەلبىسىنىڭ ئىنكاسى.

1870- يىلى نىتزى پرۇسىيە- فرانسىيە ئۇرۇشى جەريانىدا قىسقا مۇددەت پىدائىي سانىتار بولغان، لېكىن ئۇ يۇقۇملىنىپ تولغاق ۋە بوغما كېسىلى بولۇپ قالغاچقا، ئۇنىڭغا ئۇزۇن مۇددەت داۋالىنىشقا توغرا كەلگەن. ئەينى چاغدا پرسىيە «ئىككىنچى ئېمپىرىيەسى» گېرمان مەدەنىيىتى غايىلىرىنىڭ ئۇرۇشتىكى غەلبىسى دەپ قارىلاتتى، لېكىن نىتزى بۇ خىل ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى توغرا تاپمايتتى.

«يېڭى پرۇسىيە بىر كۈچلۈك دۆلەت بىر كۈچلۈك دۆلەت، شۇنىڭ ئۆزىلا خۇددى تارىخ ئۆتمۈشتىكى چوڭ دۆلەتلەرنى غايىۋىلەشتۈرۈش ھەمدە بىرنى مۇشۇ ئۆلۈك مەدەنىيەتلەرنى ئكز پېتى تەقلىد قىلىشقا قۇترىتىش ئارقىلىق زامانىمىزغا تەھدىت سالغانغا ئوخشاش، مەدەنىيەتكە بولغان بىر خىل تەھدىت.»

«بىز زامانىۋى كىشىلەرنىڭ مەدەنىيىتىمىز يوق. بىز چەت ئەللەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتى، سەنئىتى، پەلسەپىسى، دىنى ۋە ئىلىم- پېنى بىلەن ئۆزىمىزنى تولۇقلىدۇق: بىز سەرگەردان ئېنسىكلوپېدىيە بولۇپ قالدۇق.» («تارىختىن پايدىلىنىش ۋە قالايمىقان پايدىلىنىش»). بىزگە ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئلازىمىزنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىمىزنى يارىتىش ئۈچۈن پايدىلىنىش. تارىخى بۈگۈننىڭ ئېغىر يۈكى.

(مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2002- يىلى نەشر قىلىنغان «نىتزى» ناملىق ئىنگلىزچە- خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇق)

 

]]>
?feed=rss2&p=11868 0
نىتىزى: رىچارد ۋاگنېر ?p=11859 ?p=11859#respond Tue, 29 Oct 2013 01:00:13 +0000 ?p=11859 نىتىزى: رىچارد ۋاگنېر

تەرجىمە قىلغۇچى:

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

نىتىزى ئۆز دوستى رىچارد ۋاگنېر (1813ـــ 1883) نىڭ ئوپېرالىرى ئىچىدىن تىراگېدىيە قارىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەلىي مىساللىرىنى بايقىدى. كېيىنكى كۈنلەردە ۋاگنېر بىلەن شوپىنخائوئېرنىڭ ئىدىيەسى نىتىزىنىڭ ئۆز پەلسەپىسىنىڭ توغرا- خاتالىقىنى تەكشۈرىدىغان قورالى بولۇپ قالدى (ئۇ ئاخرىدا ئۇلاردىن ۋاز كېچىدۇ).

باسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى بىر نەچچە يىلدا نىتىزى ۋاگنېر ۋە ئۇنىڭ تالانتلىق ئايالى كوسما بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ تىرىبىشېندىكى ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغان ۋاقتى 1869- يىلى ئىدى.

«ئۇ ئوي- پىكىرگە باي، ئۇلۇغ ھەمدە ئالىيجاناب كىشى ئىدى . . ھەممە ئادەم ياخشى كۆرۈپ قالغۇدەك جەلپكار، بارلىق بىلىملەرگە تولۇپ- تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم ئىدى.»

«ۋاگنېر ئۇنىڭغا ‹تىراگېدىيەنىڭ تۇغۇلۇشى› ئۇ ئوقۇغان ئەڭ ياخشى كىتاب ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.»

«بەزىلەر، ۋاگنېرىزم گېرمان مەدەنىيىتىگە قايتا گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ دەل مېنىڭ ئەسەرلىرىمدە كۈتكەن ئارزۇيۇم!»

نىتىزى باشتىلا ۋاگنېرنىڭ بايروتتا دۆلەتلىك سەنئەت تىياتىرى قۇرۇش غايىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى ھەمدە بۇ پىلان ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلدى. ئۇ «رىچارد ۋاگنېر بايروتتا» (؟1870) دېگەن ماقالىسىدە، ۋاگنېر يېڭىدىن ئىجاد قىلغان مۇزىكىلىق دىرامما توپلىمىنى يۇناننىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى سەنئىتىنىڭ نىجاد يۇلتۇزى، دەپ مەدھىيىلىدى. ھالبۇكى نىتىزى كېيىن ئۆزىنىڭ سەنئەت ۋە مۇزىكا ھەققىدىكى غايىسىنى ۋاگنېرنىڭ ئەسەرلىرىگە تاڭغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

ۋاگنېر ئۆزىنى سىياسىي ۋە جىنسىيەت جەھەتتىكى ئىنقىلابچى ھېسابلايتتى، بىراق ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۈمىدۋارلىق ئىدىيەسى شوپىنخائوئېرنىڭ ئۆتكۈر ئۈمىدسىزلىك پەلسەپىسىگە تاقابىل تۇرالمايتتى.

1876- يىلى 8- ئايدا ئۇنىڭ «نىبېلوڭنىڭ ئۈزۈكى» ناملىق ئەسىرى بايروت تىياتىرىدا تۇنجى قېتىم ئوينالغان چاغدا، نىتىزى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى.

«مەن ئىلگىرى ۋاگنېرنىڭ ئىدىيەسىنى دىئونيسىئونچە روھىي قۇدرەتنىڭ كۈچلۈك ئىپادىلىنىشى، دەپ چۈشەندۈرگەنىدىم. مېنىڭچە، مەن ئۇنىڭدىن يەر تەۋرىگەندەك دەھشەتلىك سادانى ئاڭلىدىم . . . ئاشۇ مەدەنىيەت قىياپىتىگە كىرىۋالغان، ئاخىر تەۋرەشتىن خارابىگە ئايلىنىپ كېتىدىغان نەرسىلەرگە پەرۋا قىلمايدىغان بولدۇم.»

ئەمەلىيەتتە، دەۋرىمىزنىڭ ئىدىيەسىدىكى يەر تەۋرەشنى ۋاگنېر ئەمەس، بەلكى نىتىزى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ۋاگنېرنىڭ «پارىسفال» (1877) ى سەھنىدە ئوينىلىشى بىلەن، نىتزى بىلەن ئۇنىڭ بۇ قەدىناس دوستىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

نىتزى شوپىنخائوئېرنىڭ ئۈمىدسىزلىك ئىدىيەسىدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى. ئەكسىچە ۋاگنېر «شوپىنخائوئېر پەلسەپىسىنىڭ قورام تېشى» ـــ ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلىك ۋە بويسۇنۇش ئىدىيەسى ـــ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ چىرىك خىرستىياندىنىنىڭ ئاستىدا « بېسىلىپ قالغانىدى». بۇنى ئىنكار قىلغىلى بولمىسا كېرەك: ۋاگنېر فرانس لسىت (1811ـــ 1886) قا يازغان بىر پارچە خېتىدە مۇنداق دېگەن . . .

«شوپىنخائوئېر . . . مەندەك غېرىبلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا جەننەتتىن كەلگەن پەرىشتە . . . ئۇنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى، يەنى ياشاش ئىرادىسىنى ئىنكار قىلىش، راستىنلا قورقۇنچلۇق، بىراق بۇ قۇتۇلۇپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى.»

«ۋاگنېر ئىخلاسمەن مۇخلىسقا ئايلاندى.»

«لوخېنگىرىن قاتتىق پەرمان چۈشۈرۈپ بارلىق ئىزدىنىش ۋە گۇمانلىنىشلارنى چەكلىدى. شۇنداق قىلىپ، ۋاگنېر خىرىستىيان دىنىنىڭ بۇ نۇقتىنەزىرىنى قوبۇل قىلدى: ‹سەن چوقۇم ئىشەنگىن›.»

خۇددى بىز كېيىن كۆرگىنىمىزدەك، شوپىنخائوئېر، ۋاگنېر ۋە خىرىستىيان دىنىنى نىتزى چىرىكلىك، ئاجىزلىق، مەنىسىزلىك ھەمدە ھاياتلىقنى ئىنكار قىلىشنىڭ مەنىداش سۆزلىرى، دەپ قارايدۇ. ئاتالمىش ھېسداشلىق تۇيغۇسى ۋە ئۆز- ئۆزىنى قۇربان قىلىش تۇيغۇسى مۇنۇلارغا ئايلاندى: «ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتى، ئەڭ زور ئازغۇنلۇق ۋە قايمۇقۇش ــــ قايمۇقۇش نەگە بارىدۇ؟ يوقلۇققا بارىدۇ . . . ئىرادە ھاياتلىققا قارشى تۇرۇشقا ئۆگەتمەكتە.»

نىتزىغا نىسبەتەن ۋاگنېر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشى ئىنتايىن ئازابلىق ئىش ئىدى. «مەن ھەر قانداق بەدەلگە پىسەنت قىلماي تىربشېندا ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمنى ـــ ئاشۇ ئىشەنچكە تولغان خۇشال كۈنلىرىمنى، گۈزەل مىنۇتلارنى، چوڭقۇر ئىدىيەلەرنى مۇھاكىمە قىلغان پەيتلەرنى . . . ھايات خاتىرەمدە ساقلايمەن.»

ھالبۇكى، ئاخىر . . .

«مەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ ھاياتىمدىكى ۋاگنېرنى، شوپىنخائوئېرنى، پۈتكۈل ھازىرقى زامان ئىنسانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زەئىپلىكلەرگە قارشى تۇرمىسام بولمايتتى.»

 بۇ خىل غېرىبلىق تۇيغۇسى توختىماي كۈچىيىپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكى كۈنسېرى ناچارلىشىپ (ئادەت خاراكتېرلىك باش ئاغرىش،كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ كەتكەچكە، ئۇ بىر مەزگىل دەم ئالمىسا، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسە ــــ ئارشاڭدا داۋالانمىسا)، تاغلاردا ساياھەت قىلمىسا ـــ بولمايتتى. لېكىن، ئوقۇش مەزگىلىدە ئۇ يەنىلا باسېلغا قايتىپ دەرس ئۆتتى.

1875- يىلى ئۇ ياش مۇزىكانت ھېنىرىخ كۆشىتىس بىلەن دوست بولۇپ قالدى ـــ ئۇنىڭغا يېڭىدىن پېتېر گاست (گاست گېرمان تىلىدا زىيارەتچى، ھەمراھ دېگەن مەنىدە) دەپ ئىسىممۇ قويۇپ قويدى ــــ گاست ئۇنىڭ ئاغزاكى بايانلىرىنى خاتىرىلىدى ھەمدە ئۇنىڭ قوليازمىلىرىنى كۆچۈرۈشكە ياردەملەشتى.

(مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2002- يىلى نەشر قىلىنغان «نىتزى» ناملىق ئىنگلىزچە- خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇق)

]]>
?feed=rss2&p=11859 0
نىتىزى: تىراگېدىيەنىڭ مۇزىكا جەۋھىرىدىن تۇغۇلۇشى ?p=11855 ?p=11855#respond Sun, 27 Oct 2013 12:16:30 +0000 ?p=11855 نىتىزى: تىراگېدىيەنىڭ مۇزىكا جەۋھىرىدىن تۇغۇلۇشى

تەرجىمە قىلغۇچى:

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

 

نىتىزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى «تىراگېدىيەنىڭ تۇغۇلۇشى» 1872- يىلى نەشر قىلىندى. بۇ كىتاب ئۇنى ئىلىم- پەن ساھەسىدىكىلەر بىلەن يېقىنلاشتۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋەتتى. كىتابقا بېرىلگەن بىردىنبىر باھادا: «كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇشۇنداق بىر كىتابنى يېزىش ئۇنىڭ ئىلمىي ھاياتى ئاخىرلاشقانغا باراۋەر» دەپ يېزىلدى.

بۇ كىتاب ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ ھاقارەتلىشى ۋە كەمسىتىشىگە ئۇچرىدى. سەۋەبى ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ غەرب ئىلىم- پەن ئەنئەنىسىنى قەدرىلەيدىغان ئەقلى بايان بىلەن پەلسەپىۋى بايان، ئىجادىي تەسۋىر بىلەن بەدىئىي تەسۋىر ئوتتۇرىسىدا ئايرىلغان ئۆلچەمگە تەھدىت سالغانىدى. بۇ ئاجايىپ تەڭداشسىز، ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە ئەسىرىدە ئۇ مۇنۇلارنى يېشىشكە تىرىشقان. 1. يۇنان كىلاسسەك تىراگېدىيەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى؛ 2. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى بىلەن ئىدىيەسىدە ساقلىنىۋاتقان ئەقلىي ۋە ئېستېتىك تەجرىبىلەر ئوتتۇرىسىدىكى نېگىزلىك پەرق؛ 3. نېمە ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ ئېتېتىك شەكلى ئاساسىي ئورۇندا، ئەقلىي شەكلى ئىككىنچى ئورۇندا بولىدۇ؟ 4. نېمە ئۈچۈن زامانىۋى مەدەنىيەت زەئىپ؟ ئۇنى قانداق جانلاندۇرۇش كېرەك؟

ئۇ كىتابتا مۇلاھىزە، مېتافورا، تارىخقا پۈتۈلمىگەن قىزىقارلىق ئىشلار، نەسىھەت، قىزغىن مۇنازىرە ھەمدە شېئىرىي ئالاھىدىلىك قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆز نۇقتىنەزەرلىرىنى شەرھلەپ دەلىللىگەن، شۇنداقلا ئكزىنىڭ ئالىملارنىڭ نەزەرىدە «مەسىلە پەلسەپىچىسى» گە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى يورۇتۇپ بەرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى ئەنئەنىۋى ئىپادىلەش ئەقلىي ئىپادىلەش بىلەن چەكلەپ قويۇشنى خالىمايتتى. ئەكسىچە، ئۇ تىلنىڭ تۆمۈر قەپىزىنى تەۋرىتىۋەتتى، شۇنداقلا ئۇ شائىر شېللېرغا ئوىشاشلا شۇنىڭغا ئىشىنەتتىكى، «كۆڭۈلنىڭ مەلۇم مۇزىكىلىق مايىللىقى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا پوئېزىيە بولىدۇ.»

(مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2002- يىلى نەشر قىلىنغان «نىتزى» ناملىق ئىنگلىزچە- خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇق)

]]>
?feed=rss2&p=11855 0
نىتزى: ئالىملارغا قارشى ئالىم ?p=11738 ?p=11738#comments Mon, 05 Aug 2013 09:47:35 +0000 ?p=11738 ئالىملارغا قارشى ئالىم

تەرجىمە قىلغۇچى:

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

 

◆ 1867- يىلى نىتزى مەكتەپتىن ئايرىلىپ چاقىرىققا بىنائەن ھەربىيگە كىرىپ، پرۇسىيە ئارمىيەسىگە قاتناشتى. ئۇ توپچى ئەسكەرلەر پولكىدا خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە ئاتقا مىنىۋېتىپ كۆكرەك قىسىمى يارىلاندى. بالىلىق مەزگىلىدىن تارتىپلا تېنى ئاجىز، كېسەلچان نىتزىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى سالامەتلىكى كۈنسېرى ناچارلاشتى. داۋالىنىۋاتقان مەزگىلىدە ئۇ تالىپلارچە تۇرمۇش شەكلى ھەققىدە، بولۇپمۇ تىلشۇناسلىق ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. 1867- يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى دوستى ئېرۋىن رودقا يازغان خېتىدە ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: «. . . تىلشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئاشۇ بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئىشى خۇددى قارىغۇ چاشقانلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشايدۇ . . . ئۇلار تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي جىددىي مەسىلىلەرگە پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.»

◆ «بىراق تىلشۇناسلىق دېگەن نېمە؟ ئۇ ئاستا ئوقۇش سەنئىتىدۇر!»

◆ «ئالىملاردا ئۆز- ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان. بولمىسا ئۇلار كىتابلارنىڭ زەھەرلىشىدىن ئۆزىنى قوغداپ قالالايىتتى. ئالىملار دېگەنلەر تۈگەشكەنلەر.»

◆ «كىشىلەرنى ھەرىكەتلىنىشكە قوزغىتالمىغان ئەسەر كېرەكسىز ئەسەر.»

◆ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «رېيىن مۇزېيى» ژۇرنىلىدا نىتزىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردا يازغان يۇنان مەدەنىيىتىگە ئائىت بىر قانچە ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، باسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىككىنچى يىل، يەنى 1868- يىلى پىروفېسسور رىتسىل بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىن كەلگەن خەتنى تاپشۇرۇۋالدى. خەتتە: «نىتزى ئەپەندىنى بىر مۇنەۋۋەر تىلشۇناس پروفېسسور بولالايدۇ، دەپ قارامسىز- يوق» دەپ سوئال سورالغانىدى.

◆ «شۇنداق قىلىپ، مەن مۇرەككەپ ھېسسىياتلار ئىچىدە يەنە ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلغان ھالدا كىلاسسىك تىلشۇناسلىق پىروفېسسورلۇق ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلدىم. بۇ چاغدا مەن تېخى 24 ياشتا ئىدىم.»

◆ ئۇنىڭ لېيپىزىگ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنىڭغا ئىمتىھانسىز ئۇنۋان بېرىشنى قارار قىلدى. ناھايىتى روشەنكى، بۇ ئوقۇتقۇچى ئالاھىدە ئەقلىي قابىلىيەتكە ئىگە ئىدى.

◆ شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلدا نىتزى باسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى، بىراق ئىلىم- پەن ھاياتىدىن كۈنسېرى ئۈمىدسىزلەنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېنى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇ 1879- يىلى 34 يېشىدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى.

«ئىلىم- پەن ھاياتىدا پۈتۈنلەي ئۈزۈل- كېسىل ھەقىقەتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.»

(مەنبە: «نىتزى» ناملىق ئىنگلىزچە- خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇق)

]]>
?feed=rss2&p=11738 5
شوپىنخائۇئىر: ھاياتلىقنى ئىنكار قىلىش ?p=11735 ?p=11735#comments Fri, 02 Aug 2013 16:54:40 +0000 ?p=11735 شوپىنخائۇئىر: ھاياتلىقنى ئىنكار قىلىش

 

تەرجىمە قىلغۇچى:

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

◆ نىتىزى لېيپىزىگدىكى بىر كونا كىتابخانىدا گېرمانىيەنىڭ ئېدىيالىسىت پەيلاسوپى ئارتۇر شوپىنخائۇئېر (1860- 1788) نىڭ «ئىرادە ۋە تەسەۋۋۇرغا ئايلانغان دۇنيا» ناملىق ئەسىرىنى كۆرۈپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن شوپىنخائۇئېرنىڭ ئاتىئېزم تەربىيەسى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەكس ئېتىشكە باشلىدى.

◆ «مەن ھەر بىر قۇر خەتتىن ئەيبلەش، ئۆز- ئۆزىنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۈمىدسىزلىك چوقانلىرىنى ئاڭلىدىم؛ كىتابتا مەن خۇددى بىر پارچە ئەينەكنى كۆرگەندەك بولدۇم. بۇ دۇنيا ھاياتلىقنىڭ ئۆزى، يەنە ئۆزۈمنىڭ روھىم ھەممىسى ئۇنىڭ ئىچىدە ئەكىس ئەتتى، بۇ ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنچلۇق.»

◆ شوپىنخائۇئېر خۇددى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ پېشىۋاسى ئىممانوئىل كانتقا ئوخشاش دۇنيانىڭ كۆرۈنۈشى (ھادىسە) بىلەن دۇنيانىڭ ماھىيىتى (سۇبيېكتىپ) ئوتتۇرىسىدا تۈپ پەرق مەۋجۇت دەپ قارايدۇ.

◆ شوپىنخائۇئېرنىڭ قارىشىچە، بارلىق ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت يوشۇرۇن چىنلىقنىڭ بىر خىل كونكرېت ئىپادىسى بولۇپ، بۇ يوشۇرۇن چىنلىق ئىرادە دېمەكتۇر.

◆ «شۇڭلاشقا مېنىڭ تەن ھەرىكىتىمدىكى تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ ئاستىغا مېنىڭ ھەقىقىي ئىرادەم، يەنى ئارزۇ- ئىستىكىم يوشۇرۇنغان. بۇ خىل ئىرادە مېنىڭ تېنىم بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئۇ زامان ۋە ماكاندا مەۋجۇت ئەمەس ــــ ئۇ ئەسلا بىر ماددىي مەۋجۇدىيەت بولماستىن، بەلكى ئالەمگە تارقالغان پۈتكۈل جانلىق، جانسىز تەبىئەت ھالەتلىرىگە يوشۇرۇنغان.»

◆ بۇ مەڭگۈلۈك، شەكىلسىز ئالەم كۈچى شوپىنخائۇئېرنى تەڭرى مەۋجۇت دېگەن يەكۈننى چىقىرىشقا مەجبۇر قىلالمىدى. ئەكسىچە ئۇ، ئىرادە بارلىق ئازاب- ئوقۇبەتنىڭ مەنبەسى، چۈنكى ئارزۇ- ئىستەك ئەزەلدىن قانائەت ئېلىپ كەلمىگەن، ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى پەقەت تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدىكى ئارزۇ- ئىستەك، دەپ قارايدۇ (بۇ يەردە ساكيامونىنىڭ تەلىمىگە ۋارىسلىق قىلىنغان). شۇنداق قىلىپ، بىز جازالىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئارزۇ- ئىستەكلەرنى مەڭگۈ قوغلىشىمىز: «بىز سوپۇن سۈيىدىن شار پۈۋلەپ، گەرچە ئۇنىڭ ئاخىرى ئېتىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىپ تۇرساقمۇ ئۇنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېخىمۇ يوغىنىتىشقا تىرىشىمىز.»

◆ بۇ بىر خىل ئۈمىدسىز بويسۇنۇشتىن يەنى بىزنىڭ كۈچىمىزنىڭ بارىچە سەۋر- تاقەت بىلەن ياشىشىمىز لازىملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نىتزى گەرچە كېيىن بۇ خىل نوقۇل ئۈمىدسىزلىك ئىدىيەسىدىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، لېكىن شوپىنخائۇئېرنىڭ تەسۋىرىدىكى قارىغۇلارچە ئىرادە تەرىپىدىن ھەرىكەتلىنىدىغان ئالەمنىڭ ئوبرازى ــــ ئۇنىڭ يۈرىكىدە ئورناپ قالغانىدى.

◆ «… مەڭگۈ قانمايدىغان ئارزۇ- ئىستەكلەر، قايتا- قايتا ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان تىرىشچانلىقلار، تەقدىر تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئېزىلگەن ئۈمىدلەر، پۈتكۈل تۇرمۇش داۋامىدىكى بەختكە قارشى سادىر بولغان خاتالىقلار ھەمدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئازاب- ئوقۇبەتلەر ۋە ئەڭ ئاخىرىدىكى ئۆلۈم ھەممىسى مەڭگۈلۈك تىراگېدىيە.»

◆ «شوپىنخائۇئېر تەركىدۇنيالىقنى تەرغىپ قىلىپ ھاياتلىقنى ئىنكار قىلىدۇ. مېنىڭ تەشەببۇسۇم بولسا ھاياتلىقنىڭ خۇشاللىقى ۋە مۇقەررەلىكى.»

(مەنبە: «غەيرىي ئىداراكلىق ۋە كامىل ئىنسان پەلسەپىسىنىڭ بايراقدارى ــــ نىتزى» ناملىق ئىنگلىزچە- خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇق)

]]>
?feed=rss2&p=11735 4
غەيرىي ئىداراكلىق ۋە كامىل ئىنسان پەلسەپىسىنىڭ بايراقدارى ــــ نىتزى ?p=11725 ?p=11725#respond Mon, 29 Jul 2013 03:55:56 +0000 ?p=11725

 

غەيرىي ئىداراكلىق ۋە كامىل ئىنسان پەلسەپىسىنىڭ

بايراقدارى ــــ نىتزى

 

تەرجىمە قىلغۇچى:

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

 

مۇقەددىمە

19- ئەسىرنىڭ ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى ئاتاقلىق شەخسلەر ئىچىدە كارل ماركس (1818- 1883)، سىگمۇند فىرىئۇد (1856- 1939) ۋە فىرىدىرىخ نىتزى (1844- 1900) لار ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ماركسنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي سىسېتمىغا بەرگەن تەنقىدى ھەمدە فىرىئۇدنىڭ جىنسىي– پىسىخىك تۇرمۇش ھەققىدىكى ئانالىزى 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن كەڭ تۈردە قوبۇل قىلىندى. ھالبۇكى، نىتزى ئىدىيەسى ـــ كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدىغان قورقۇنچلۇق خىرس ـــ ھازىرقى زامان ئېڭىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى. بۇ خىل خىرسنى ئۆز دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئۇ بىلەتتى. «تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، بىر پارچە كىتابتا سۆزلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەتتە ھەتتا ئاز ئۇچرايدىغان سەرگۈزەشتىلەر داۋامىدىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ـــ يىپيېڭى تىل بىلەن تەسۋىرلەنگەن يىپيېڭى سەرگۈزەشتىلەر بولسا ئۇ ھالدا ھېچنېمىنى ئۇققىلى بولمايدۇ- دە!»

«مېنىڭ دەۋرىم تېخى يېتىپ كەلمىدى. بەزى كىشىلەر ئۆلگەندىن كېيىن تونۇلىدۇ.»

يۈز نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بىز نىتزى بىشارەت بەرگەن بىز بىلەن ھەقىقەت، ئىلىم- پەن ھەمدە ئەخلاق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشلىرىنى ئاستا- ئاستا ھېس قىلماقتىمىز.

 

دەسلەپكى چاغلار

1844- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى ساكسون ئوبلاستىنىڭ رۆكىن دېگەن يېرىدىكى لۇتېر دىنىي مەزھىپىنىڭ بىر باستېرى خۇشاللىق ئىلىكىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى ئوغلى فىرىدىرىخ ۋىلھىلىم نىتزىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى كۈتۈۋالدى. بۇ ئائىلە پولشا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئەجدادلىرىدىن نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر دىنىي ۋەزىپىلەردە بولغانىدى.

«ئەمىسە جەمەتىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىش ئۈمىدىمىز كىچىككىنە فىرىدىرىخنىڭ ئۈستىگە يۈكلەندى.»

«ئەمەلىيەت بۇنىڭ تولىمۇ كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.»

نىتزى ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن چېغىدا دادىسى يىقىلىپ كېتىپ مېڭىسى يارىلانغانلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئۇلار ئائىلىسى بويىچە ناۋمبۇرگقا كۆچۈپ كېتىدۇ. نىتزى ئىچ مىجەز بالا بولۇپ، شېئىر ۋە مۇزىكىنى ياخشى كۆرەتتى. مەكتەپتە ھەممەيلەن ئۇنى «كىچىك باستېر» دەپ ئاتىشاتتى. ئۇ ئاپىسى، سىڭلىسى، مومىسى ۋە ئىككى ھاممىسى بىلەن بىللە تۇراتتى. بىز بۇ كەچۈرمىشلەرنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئىدىيىۋى خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز.

1858- يىلى 14 ياشلىق نىتزى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، ناۋمبۇرگقا يېقىن داڭلىق پفورتا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى. ئۇ لۇتېر دىنىي مەزھىپىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى ناھايىتى قاتتىق ياتاقلىق مەكتىپى بولۇپ، ئىلىم- پەن ساھەسىدە يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە ئىدى. بۇ يەردە ئۇ كىلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقات دەرسىگە قىزىقىپ قالدى. ئۇنىڭ لاتىن تىلى بىلەن گرېك تىلىدىكى نەتىجىسى ئالاھىدە بولۇپ، ئەپلاتون ۋە ئىسكلوسنىڭ ئەسەرلىرى ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى.

«مەن شېئىر يازدىم، مۇزىكا ئىشلىدىم ۋە دوستلىرىم بىلەن بىرلىشىپ ‹گېرمانىيە› ناملىق ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسىنى قۇردۇم.»

1864- يىلى نىتزى پفورتا مەكتىپىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئۇنىڭ ئىدىيەسىدە تېخى ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئالامەتلىرى يوق ئىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىرىغا تەشەككۈر ئېيتتى ھەمدە «تەڭرى ۋە پادىشاھ» نىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. 1864- يىلى 10- ئايدا 20 ياشلىق نىتزى بون ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئىلاھشۇناسلىق ۋە فىلولوگىيە (كىلاسسىك ھۆججەتلەر ئانالىزى) پەنلىرىنى ئوقۇدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ ئىلاھشۇناسلىقتىن ۋاز كەچتى. ئۇ سىڭلىسى ئىلزابىتقا يازغان خېتىدە بۇنىڭغا چۈشەنچە بەردى.

«ئەگەر سەن دىلىڭغا ئارام ۋە خۇشاللىق .ىزدىسەڭ ھەممىگە ئىشەن؛ ئەگەر سەن ھەقىقەتنىڭ مۇخلىسى بولماقچى بولساڭ ئۇنداقتا گۇمانلىنىپ باق . . .»

ئىككىنچى يىلى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان پروفېسسور لېيپىزىگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئېرىشكەنىدى، ئۇمۇ لېيپىزىگقا يۆتكىلىپ ئوقۇدى.

 

(مەنبە: «نىتزى» ناملىق ئىنگلىزچە- خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇق)

]]>
?feed=rss2&p=11725 0
مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئېچىنىشلىق پاجىئە – كىتاب كۆيدۈرۈش ?p=11535 ?p=11535#comments Sun, 07 Apr 2013 04:02:46 +0000 ?p=11535 مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئېچىنىشلىق پاجىئە – كىتاب كۆيدۈرۈش

 (تارىخىمىزدىكى بىر قانچە قېتىملىق كىتاب كۆيدۈرۈش پاجىئەسىگە قىسقىچە ئىزاھات)

 ئىمىن تاجى تۈرگۈن، تۇتىگۇل تۇرسۇن

مەدەنىيەت – بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەپەككۇرىغىچە بولغان ساھەلەردە سىستېما ھاسىل قىلغان مەنىۋىي جەرياندۇر. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ياشىغان جۇغراپىيلىك ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەرەققىياتى داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن پىسخىك جۇغلانما ۋە ئەتراپتىكى قوشنا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى مۇقەررەر بىر جەرياندۇر.

ئۇيغۇرلار دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە تېگىشلىك مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى ئاتا قىلغان مەدەنىي مىللەتنىڭ بىرى. بۇنداق بولۇشىدا ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخى جەريانىدا ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاش، راۋاجلاندۇرۇشنى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە يىپەك يولى ۋادىسىغا جايلىشىشتەك ئەۋزەل جۇغراپىيلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ شەرق-غەرب مەدەنىيىتىدىن ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى بىيىتىدىغان، تولۇقلايدىغان ئامىللارنى ھەر ۋاقىت قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىشنى تاشلاپ قويمىغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. فىلىپ ھېتتى ئۇيغۇرلارنىڭ شىرتقى مەدەنىيەتكە ھىرىسمەن ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىشقا ماھىرلىقىدەك مىللىي پىسخىكىسىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «بۇ تۆت تېمىنىڭ ھەممە يېرىگە دېرىزە ئېچىلغان ئۆيگە، گۈللەرنىڭ رەڭگى، پۇرىقى بىلەن ھىسابلاشماي شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ.»

ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا جۇغراپىيلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ دۇنياۋىيلىققا ۋە مىللىيلىققا ئىگە بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ياراتقان. كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئالاھىدە بىر قاتلامدۇر. ئۇيغۇرلار ئۇزاق قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا قەغەزچىلىك ۋە مەتبەئەچىلىك تارىخىغا قەدەم قويۇپ، ھەر خىل كىتابلارنى بېسىپ چىقارغان . فىرانسىيىلىك ئالىم پائول پىللىئوت دۇنخۇاڭدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى يېزىش ئۈچۈن تەييارلانغان مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ كۆپلىگەن نۇسخىلىرىنى ئۆز دۆلىتىگە ئېلىپ كېتىپ گۇيمىت موزىيىغا ساقلاشقا بەرگەن، بۇ مىخ مەتبەئە نۇسخىلىرى دۇنيادا نىسبەتەن بالدۇر قوللىنىلغان ۋە كىتاب تىزىشقا ئىشلىتىلگەن مەتبەئە بويۇملىرى سۈپىتىدە ئەتىۋارلانماقتا. تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن ياسىن ھوشۇر  فرانسىيىگە بارغاندا ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش شەرىپىگە ئىگە بولغان ۋە بۇ ھەقتە ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغان. مىلادى 869-يىلى مىخ مەتبەئەدە يېزىلغان «ئالتۇن يارۇق» ناملىق ئەسەر بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر. بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبەتەن بۇرۇنراق يېزىق ئىشلىتىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇتەخەسىسلىرىمىزدىن تۇرسۇن ئايۇپ، ئابدۇقېيوم خوجا ۋە ئىسراپىل يۈسۈپلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىنىڭ 2000 يىلدىن ئاشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان بۇنىڭدىن باشقا تارىخشۇناس قۇربان ۋەلى  « تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار مىلادى 5-ئەسىردە سوغدى ھەرپلىرىدىن پايدىلىنىپ، تۈرك- ئۇيغۇر تىلىنى يازىدىغان يېزىق ئىجاد قىلغان» دەپ يازىدۇ . ئۇيغۇرلار نىسبەتەن بۇرۇنراق يېزىق ئىشلىتىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقى ۋە مەتبەئە تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا ھەر خىل كىتابلارنى بىسىپ چىققان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەئە مەدەنىيىتى يالدامىلىرى نىسبەتەن كۆپرەك جايلاشقان جاي- تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭ بولۇپ، ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە مەتبەئەچىلىك ئىنتايىن تەرەققى قىلغان بولۇپ، بۇ دەۋردە ھەر خىل كىتابلار بىسىلىپ چىققان. بۇ ھەقتە تۈركىيە ئالىمى يېلىماز ئۆزتۇنا مۇنداق يازىدۇ: « شۇ ۋاقىتتا ئېدىقۇتتا بىسىلغان كىتابلارنىڭ سەۋىيىسى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى .»

ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئۇستازى دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە يەنە تارىخىمىزدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلاردىن ئاپاق خوجا، ياقۇپ بەگ، شىڭ شېسەي قاتارلىقلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن خەلق ئاممىسىنىڭ ئاڭ- سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈپ، ھاكىمىيىتىگە زىيان سالىدىغان خەۋپلىك كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مەدەنىيەت مۇستەبىتلىكى، تارىخىمىزدىكى كۆپ قېتىملىق دىنىي ئېتىقاد ئۆزگەرتىش ۋە مۇشۇ ئاساستا بارلىققا كەلگەن دىنىي ئىنكارچىلىقمۇ  مەدەنىيەت تارىخىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان كەلتۈرىدىغان ئېچىنىشلىق پاجىئە – كىتاب كۆيدۈرۈشكە ئوت پىلتىسى بولۇپ بەرگەن. شۇ ئارقىلىق مەدەنىيەت تارىخىمىزدىن خەۋەر بىرەلەيدىغان ئەڭ موھىم كىتابلىرىمىز ئاشۇنداق ئەشەددىي كاززاپلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولغان.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق مەدەنىيىتى مول بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بۇ يېزىقلاردا قالدۇرۇلغان يادىكارلىقلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ساقلانماقتا. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا قەدىمكى تۈرك يېزىقى، سوغدى يېزىقى، مانى يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى دېگەندەك بىر قاتار يېزىقلارنى ئىشلەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە چاغاتاي يېزىقىدا يېزىلىپ قالدۇرۇلغان يازمىلار نىسبەتەن كۆپ. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۆز دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى بولۇشى بىلەن بىرگە يەنە مۇڭغۇل يېزىقى، مانجۇ يېزىقى. شىبە يېزىقلىرىنىڭ  شەكىللىنىشلىرىگە زور ئاساس سالغان. چاغاتاي يېزىقىمۇ 600 يىل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي تىللىق مىللەتلىرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى ۋە يېزىقى بولۇپ قوللىنىش داۋامىدا ئىلىم پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە ئائىت كىتابلار يېزىپ قالدۇرۇلغان. تارىخى مەلۇماتلاردا كۆرسىتلىشىچە، ئەرەب قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى ئەمىر قۇتەيبە ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ سەمەرقەندكە بېسىپ كىرگەندە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. ئۇنىڭ شىتات باشلىقى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتابلارنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن باش قوماندان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈپ تاشلانغان .

ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى- ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى موھىم دەۋرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ دەۋردە يارىتىلغان مەدەنىيەت نەمۇنىلىرى كۆپلۈكى بىلەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. 840- يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى خانلىق ئىچىدىكى ئىچكى نىزا، تەبىئىي ئاپەت ۋە 100 مىڭ كىشىلىك قىرغىز قوشۇنىنىڭ بېسىپ كىرىشى بىلەن يىمىرلىشكە قاراپ يۈزلىنىپ، ئاھالىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى غەربكە قاراپ كۆچۈپ يەتتە سۇ ۋادىسى، پامىرنىڭ غەربى، گەنسۇ، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە قەشقەر ئەتراپلىرىغا كۆچۈپ كىلىپ بۇ يەرلەردە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ خانلىقنى قۇرۇپ چىققان. ئۆگە تېكىن باشچىلىقىدىكى بىر قېسىم ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چىگرىسىغا كىلىپ، قاغانلىقنىڭ جەنۇبىدىكى يەرلەردە پاناھلانغان ۋە 841- يىلى ئۆگە تېكىن قاغان دەپ ئېلان قىلىنغان.

ئۆگە تېكىن، ۋەزىر چىشىن، ناسىرچۇر، ئورمۇزد ۋە بۆگۈ تېكىن تەرەپدارلىرى 840- يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چىگرىسىغا يىتىپ كەلگەن. خەلق كۆچۈشتىن ئىبارەت مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيت، ئاچارچىلىق ۋە باشقا پاتپاراقچىلىقتا تۇرغاندا، بۇلار قىيىنچىلىقنى يىڭىشنىڭ ئورنىغا ئۆز-ئارا دۈشمەنلەشكەن. چىشىن، ناسىرچۇر ۋە بۆگۈ تېكىنلەر قاغانغا ئېتائەت قىلماي، خەلقنى ئۆگە  قاغاننى ئېتىراپ قىلماسلىققا قۇتراتقان . بۇنى سەزگەن ئۆگە قاغان ئۇلارنى قاتتىق جازالىغان. ناسىرچۇر ئۆز ئالدىغا ھەركەت قىلىپ چىشىننىڭ 7000 چىدىرلىق ئاھالىسىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. ئۇلارنىڭ ئادەملىرى ۋە مال-چارۋىلىرى ئاز قالغانلىقتىن، تاڭ سۇلالىسى چىگرىسىغا تېخىمۇ يىقىنلاشقان. شۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوماندانى جاڭ چۈنجى ئەسكەر چىقىرىپ ناسىرچۇرغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ ۋاقىتتا خۇاڭخى ۋادىسىنىڭ ھىراۋۇلى لىيۇ مىيەن ۋە يۈجۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەربى مەمۇرىي ئەمەلدارى جاڭ چۈنۋۇ پادىشاھنىڭ سەددىچىننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقى تەرەپلىرىدە كۆچۈپ يۈرگەن ئۇيغۇرلارنى تىنچلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى تاپشۇرۋالغان.

ئۆگە قاغان تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئىناق ئۆتۈشنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى ئىزدىگەن . مۇشۇنداق  قىلغاندىلا ئاندىن ئۆز خەلقىنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلاتتى. تاڭ سۇلالىسى ئۆگەنى ئېغىزىدا ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھىچقانداق ياردەم بەرمىگەن . مانا مۇشۇنداق پەيتتە ، ئۆگە قاغاننىڭ ئەسكەرلىرى يۈجۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ لىيۇمىيەننىڭ ئەسكەرلىرىنى تارمار قىلغان. بۇ چاغدا ئۆگە قاغان يەنە ئادەم ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ يۇرتى ئۇرخۇن ۋادىسىغا كېتىۋىلىش ئۈچۈن ياردەم بىرىشنى ھەمدە تىيەندى شەھىرىدە ۋاقىتلىق تۇرۇشنى ئېلتىماس قىلغان. بۇ تاڭ سۇلالسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان . بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئاچارچىلىق، ئۆي- ماكانسىزلىق ۋە 843-844 يىللىرىدىكى قاتتىق سوغۇق قاتارلىقلار سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بىرەلمەي تاڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىگە بويسۇنۇشقا باشلىغان .

جىنۋۇ قەلئەسىدە ئورمۇزد تېكىن ئۆزىگە قاراشلىق ئۈچ قەبىلە ۋە 2000 ئاتلىق ئەسكەر بىلەن تاڭ ھاكىمىيىتىگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆتۈپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن. ئورمۇزد تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن « ئوڭ قانات قورۇقچى سانغۇن »ۋە «ئىككىنجى دەرىجىلىك ۋاڭ»دېگەن مەنسەپ- ئۇنۋانلارنى ئېلىپ ، گۈيبىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي جەنۇنىي چىگرىسىدا ئۆگە قاغانغا قارشى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

ئۆگە قاغان 847- يىلى جىڭۋۇ قەلئەسى يىنىدا بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ، ئامان قالغان ئەسكەرلىرى بىلەن شاخۇشەن تاغلىرىغا قاراپ چىكىنگەن ۋە شىرۋىيلارنىڭ (室韦) لارنىڭ ئىچىدە تۇرغان، كېيىن سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ كىچىك ئىنىسى ئىنەننى قاغان دەپ ئېلان قىلغان. ئىنەن ئۆزىنىڭ بەش مېڭدەك ئادىمى بىلەن شى (奚) قەبىلىسىدىن ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىپ تىرىكچىلىك قىلغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان تاڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇب قىلغان. ئىنەن بەش يۈزچە ئادىمى بىلەن شىرۋىيلارنىڭ يىنىغا بىرىۋالغان. تاڭ سۇلالىسى سەركەردىسى جاڭ جۈنۋۇ شىرۋىيلارغا ئادەم  ئەۋەتىپ  ئىنەن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى تۇتۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىنەن غەربكە قاراپ قاچقان، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قىرغىزلار شىرۋىيلارنىڭ قولىدىن بۇ ئۇيغۇرلار تارتىۋىلىپ گوبى چۆللۈكىنىڭ شىمالىغا ئەۋەتىۋەتكەن . قالغان ئۇيغۇرلار بالا- چاقىلىرى بىلەن تاغ ۋە ئورمان ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ تەدىرىجىي ھالدا پان تېكىن تەرەپكە قاراپ يىقىنلاشقان ، پان تېكىن بۇ چاغدا (848-849-يىللار) گەنجۇدا ياشاۋاتقان ۋە ئۆزىنى يېڭى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قاغانى دەپ ئېلان قىلغان ۋاقىتلار ئىدى .

ئىنەن قاغاننىڭ تەرەپدارلىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن ، ئورمۇزدنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئەسكەرلەرنى چىگرا ياقىلىرىدىكى بىر قېسىم ئۆلكىلەرگە بۆلۈپ جايلاشتۇرغان، يەنى تاڭ ھاكىمىيىتى خەنزۇدىن بولمىغان ئەسكەرلەرنىڭ بىر يەردە تۇرۇشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى پارچىلىۋەتتى. بۇ خىل ئەھۋال ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئەسكەرلەر بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، خۇتۇخې دەرياسى ۋادىسىنى بىسىۋالغان، تاڭ ئەسكەرلىرى بۇنى قاتتىق باستۇرۇپ، لىيۇمىيەننىڭ بۇيرۇقى بويىچە 3000 ئەسكەرنى تېرىك كۆمگەن، ھۆكۈمەت تەرەپ ئادەملىرى مانى دىنىي كىتابلىرىنى ۋە ھەر خىل دىنىي سۈرەتلەرنى يىغىپ كۆيدۈرگەن

نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك مەدەنىيەت تارىخىمىزدا ئىككى قېتىم كىتاب كۆيدۈرۈپ كۈتۈپخانىلارنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتقان مۇستەبىتلەرنىڭ بىرى . ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەڭ يۈكسەلگەن دەۋرلەرنىڭ بىرى. بۇ دەۋردە خانلىق دائىرىسىدە ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان. مەشھۇر ئەسەرلەر يېزىلىپ، داڭلىق مەدرىسلەر ۋە كۈتۈپخانىلار قۇرۇلغان. نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە ساجىيە مەدرىسى ۋە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئوردا كۈتۈپخانىسى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا ۋە ئىز-دىرەكسىز يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. كېيىن چاغاتايخاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋالىيىسى مەسئۇد بەگ 1260-يىلى بۇ مەدرىسىنىڭ خارابىسى ئورنىغا « مەسئۇدىيە مەدرىسى » ۋە « سائادەت كۇتۇپخانىسى»نى سالدۇرغان.

كۈچلۈكنىڭ يەنە بىر قېتىملىق كىتاب كۆيدۈرۈشى خوتەندە يۈز بەرگەن. كۈچلۈك خوتەن، يەكەن ۋە قەشقەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش جەريانىدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىپ، نىستۇرىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا زورلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىسلام دىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ ئەلالىدىن مۇھەممەد خوتەنى باشچىلىقىدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلەن دىنىي بەس-مۇنازىرىگە چۈشىكەن، بۇ مۇنازىرىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان كۈچلۈك ئاچچىقىغا پايلىماي 3000  نەپەر ئىسلام دىنى مۇرتىنى ۋەھشىيلەرچە قەتلە قىلغان. ئەلالىدىن مۇھەممەد خوتەنى ھەزرەتلىرىنى مەسجىت دەرۋازىسىغا چاھار مىخ (ئىككى پۇت ۋە قولىدىن مىخلاپ قويۇش) قېقىپ ئازابلىغان. ئەللامە ئاستا-ئاستا قانسىراپ شىھىت بولغان ۋە ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئېتىقادىدىن يانمىغان. زالىم جاللات كۈچلۈك بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن ئەللامىنىڭ ئېسىل كۇتۇپخانىسى ۋە بارلىق مەسجىدلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. شۇ قېتىملىق كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار ئىچىدە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك » ۋە « قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ قوليازمىلىرىمۇ بار ئىكەن دەپ قەيت قىلىنىدۇ.»

نايمان شاھزادىسى كۈچلۈكتىن كېيىن تارىخىمىزدا كىتاب كۆيدۈرگەن مۇستەبىت ئاپاق خوجىدۇر. ئاپاق خوجا- ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا ئەڭ ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن ئەشەددىي سىياسى مەلئۇن ۋە مەدەنىيەت قاراقچىسى . ئۇ بىر پۈتۈن سەئىدىيە خانلىقىنى جۇڭغارلارنىڭ ئاياغ- ئاستى قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش بىلەنلا قالماي ، يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا 15 يىلغا يەتمىگەن ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە 150 مىڭ دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسىنى قىرىپ تاشلاپ ۋە كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە چىكىندۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ دىيارىدا ساقلانغان كىتابلارنىڭ (قۇرئان ۋە ھەپتىيەكتىن باشقا) ھەممىسىنى دېگۈدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. بەزى تارىخى ماتېرىيال ۋە چوڭلارنىڭ ئاغزاكى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئاپاق خوجا كۆيدۈرۈش ئۈچۈن يىغقان كىتابلارنى تۈمەن دەرياسىغا تاشلىغاندا كىتابلارنىڭ كۆپلۈكىدىن تۈمەن دەرياسىنىڭ سۈيى توسۇلۇپ ئىككى تەرەپتىكى ئېتىزلىقلارنى بويلاپ ئاققان . بۇنىڭدىن قارىغاندا، شۇ ۋاقىتتا كۆيدۈرۈلگەن كىتابلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا ، ئۇ يەنە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئوردا كۇتۇپخانىسىدىكى بارلىق كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان.

شېڭ شىسەي – ئاپاق خوجىدىن كېيىن مەدەنىيەت تارىخىمىزغا ئەڭ ئېغىر زىيانلارنى سالغان سىياسى سىھرىگەر ۋە ئىككى قولى خەلقنىڭ قېنى بىلەن بويالغان ئەشەددىي جاللات. ئۇ 1929-يىلى شىنجاڭغا كەلگەن، 1933-يىلى «12-ئاپېرىل سىياسى ئۆزگىرىشى» دە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ شىنجاڭنىڭ دۇبەنى بولغان.

         1931- يىلى قۇمۇل ۋە تۇرپاندا دىھقانلار قوزغىلىڭى يۈز بەرگەن. شۇ ۋاقىتتىكى ئىقتىدارسىز ئەمەلدار جىن شۇرىن بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن شېڭ شىسەينى ئەۋەتكەن. بۇ شېڭ شىسەي ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بولغان. ئۇ بۇ جەرياندا قۇمۇل ۋاڭلىقى ئوردا كۇتۇپخانىسى ۋە لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىدىكى بارلىق كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان.

      1 . لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىدىكى كىتابلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى: لۈكچۈن خانلىق مەدرىسى ئۆز دەۋرىدە خېلى مۇكەممەل ئوقۇتۇش تۈزۈمى ۋە تەجىرىبىسىگە ئىگە بولغان مەدرىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ شەرقى چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە قۇرۇلغان. ئىمىن خوجا 1763- يىلى بۇ مەدرىسىنى ۋە « ئېگىز ئوردا»نى ئومۇميۈزلۈك رېمۇنت قىلدۇرغان . خانلىق مەدرىسە كېيىن كىشىلەرنىڭ ياردەم بىرىشى نەتىجىسىدە گۈللەپ – ياشنىغان. بۇ مەدرىستە ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق مۇتەپەككۇرى ئەھمەد خوجامنىياز قۇسۇرى باش مۇدەررىسلىك قىلغان. مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر ھۆكۈمران زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ، مۇھەممەد سەئىد خوجا، ئەفىردۇن خوجا، داڭلىق شائىر مۇھەممەتنىياز، قىزىقچى، ئۇيغۇر تەنقىدىي رىئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى موللا زەيدىن، ئىنقىلابچى، جامائەت ئەربابى ،شائىر نەمەت خەلپەت قاتارلىقلار ئوقۇپ يېتىشىپ چىققان. ئىمىن خوجا مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغاچقا  ئىلىم- مەرىپەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئەفىردۇن خوجا دەۋرىگە كەلگەندە بۇ مەدرىس راسا گۈللىنىپ ئوردىدا مەخسۇس كۈتۈپخانىلار قۇرۇلغان. شۇ چاغدا ئوردا كۈتۈپخانىسىدا كىتابلارنىڭ سانى نەچچە مىڭ پارچىغا يەتكەن . بۇ كىتابلارمۇ جاللات شېڭ شىسەي تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانىدا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.

     2 . تاشاخۇنۇم ئەزىزىنىڭ كىتابلىرىنىڭ كۆيدۈرۈپ تاشلىنىشى: تاشاخۇنۇم – شائىر، يازغۇچى ۋە دۆلەت ئەربابى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ دادىسى بولۇپ، ئۆز زامانىسىنىڭ  دىنىي ئالىمى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خېلى يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئاسترونومىيە تەتقىقاتچىسى ئىدى. ئۇ باشتىن- ئاخىرى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ، دىنىي بىلىمدە خېلى كامالەتكە يەتكەن. ئۇ ئەرەب، پارس، ئوردۇ تىل- يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى، كونا تۈرك يېزىقى ۋە تاتار تىل- يېزىقىنى بىلەتتى.

ئۇنىڭ ئاسترونومىيە تەتقىقاتى ئاتا- بوۋىلىرىدىن قالغان كونا كىتابخانىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كىتابخانا ئۆيىنىڭ 36 تەكچىسىگە لىق كىتاب تىزىلغان. ئۇنىڭ كۆپ ساندىكىسى دىنىي كىتاب بولغاندىن سىرت، يەنە دۇنيانىڭ ئەڭ يېڭى ئىلىم-پەن تېخنىكىسىغا ئائىت پەننىي كىتاب ۋە كىتاب- ژۇرناللارمۇ بارئىكەن. كېيىن تاشاخۇنۇم قەشقەر شەھىرىدىكى ئۆيىدە بىر زامانىۋى كىتابخانا سالدۇرغان. ئۇمۇ ئاتۇشتىكىگە ئوخشاش بولۇپ، كىتابخانا ئۆيىنىڭ تۆت تېمىغا توققۇزدىن 36 تەكچە پۈتكەن.  بۇ كىتابخانىغىمۇ ھەر خىل كىتابلار، ئوخشاش بىلىم ئۈستىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلار ۋە ھەر خىل تەتقىقاتلار بايان قىلىنغان مەجمۇئەلەر بىلەن تولغان.

تاشاخۇنۇم 1927- يىلى قەشقەردىن غۇلجىغا كۆچۈپ كېتىش ئالدىدا ئاتۇش ۋاق- ۋاق ۋە قەشقەر شەھىرىدىكى كۇتۇپخانا، رەسەتخانا تەتقىقاتى ئىشخانىسىنى تام ئىشكابى ئورنىتىپ ئېتىۋەتكەن. 1934- يىلى شېڭ شىسەينىڭ تەكشۈرۈپ، مۇسادىر قىلىشى بىلەن بۇ كىتابلار ئاشكارىلىنىپ ، قەشقەر ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان . تارىخىي ماتېرىياللاردا 36 تەكچە كىتابنىڭ (بىزنىڭ كونا ئۆينىڭ تەكچىلىرىنىڭ چوڭ -كىچىكلىكىگە قاراپ بۇ كىتابلارنىڭ سانىنى 3-4 مېڭدىن كەم ئەمەس دەپ پەرەز قىلدىم) كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكى ياكى بىرەر تەتقىقات ئورۇنلىرىغا بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز ، بۇلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈپ تۈگىتىلگەنلىكى ئىھتىمالغا ئەڭ يىقىن.

 3    . قۇمۇل ۋاڭلىقى ئوردىسىدىكى كىتابلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى: قۇمۇل ۋاڭلىقىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ ، 1697- يىلى ئەبەيدۇللادىن باشلاپ 1931- يىلىغىچە بولغان جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىخى ماتېرياللاردا بايان قىلىنىشىچە، بۇ 300 نەچچە يىللىق تارىخىي جەرياندا قۇمۇل ۋاڭلىقى ئوردا كۇتۇپخانىسىدا نەچچە مىڭ پارچە ھەر خىل يېزىقتىكى قوليازما كىتاب ۋە باشقا ئەسەرلەر ساقلانغان. 1933- يىلى شېڭ شىسەي قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانىدا ئوردا كۇتۇپخانىسىدىكى بارلىق كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان.

بۇ دەۋردە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ كىتاب كۆيدۈرۈشى توغرۇلۇق تارىخچى شېرىپ خۇشتار « ئېلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىنىڭ كۇتۇپخانىچىلىقى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق يازغان : «بۇ ۋاقىتتا (شېڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىنى دېمەكچى) ئۇيغۇرلارنىڭ كۇتۇپخانىچىلىقىدىمۇ زور تەرەققىياتلار بولغان . مەسىلەن ، غۇلجا شەھىرىدە ئابدۇرۇسۇل مۇتائالى خەلپىتىمنىڭلا 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتابى، بەيتۇللا مەسچىتى، نۇرئاخۇن ئاقساقال مەسچىدى، تاختون مەھەلىسى مەسچىدى ، سۇ دەرۋازا مەسچىدلىرىنىڭ ھەر بىرىدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 5- 6 مىڭدىن ئارتۇق دىنى كىتاب بولغان . شۇنداقلا مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر مۇسابايوفلار توققۇز مەسچىد، تۆت خۇسۇسىي مەكتەپكە كىتاب ئېلىپ بەرگەن ۋە كۇتۇپخانا ئېچىپ بەرگەن . كېيىن بۇ كىتابلار ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن ، بۇ كىتابلار سان جەھەتتە ناھايىتى زور بولسىمۇ كۆپ ساندىكى كىتابلار ئەرەب، پارس تىللىرىدا بولغانلىقى ئۈچۈن كىتابخانلار بەھرىمان بولالمىغان بولسىمۇ ئېلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرى دائىرىسىدە ئۇيغۇر كۇتۇپخانىچىلىقى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان. غۇلجا شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ 1934-يىلى 11 -،10-ئايلاردىكى كىتاب سانى (خەلق ئىئانە قىلغان) 6 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ % 60 ى ھەدىيە قىلىنغان پەننى كىتاب،% 40 ى دىنىي كىتابلار ئىكەن، دىنىي كىتابلارنىڭ %15 ى ئەرەب، پارس تىللىرىدا، % 25 ى چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان كىتابلار ئىكەن. 1937-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن مۇسادىر قىلىنغان كىتابلاردىن 20 مىڭدەك كىتابنى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى ئېلىپ كېتىپ بۇنىڭ 4000 نى كۈتۈپخانىغا بىرىپ قالغىنىنى كۆيدۈرۋەتكەن.   1942-يىلى 9- ئايدا جىياڭ جىيېشىنىڭ ئايالى سۇڭ مېيلىڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن كۇتۇپخانىدىكى ئىلغار كىتابلار بىر- بىرلەپ يوقىلىشقا باشلىغان. 1943- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ گومىنداڭ پىرقە بايرىقى ئېلىدا قادىلىش بىلەن كۈتۈپخانىدىكى كىتابلار ئاشكارا ھالدا كۆيدۈرۈلگەن.»⑰

بۇ يەردە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئۆتۈشتەك ئۆتكۈنچى دەۋردە ياشىغان ئالىم تەجەللىنىڭ كىتابلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلىشىمۇ مەدەنىيەت تارىخىمىزغا يەنە بىر قېتىملىق ئەجەللىك پاجىئە ئېلىپ كەلگەن.

مەشھۇر ئالىم ، ئاتاقلىق شائىر، كۆزگە كۆرۈنگەن تېۋىپ ، مائارىپچى ۋە خىمىيە ئالىمى سەئىد ئەۋلادى ھۈسەيىنخان ئەكبەر تەجەللى 1856- يىلى قاغىلىقتا دىنىي ئالىم، ماھىر تېۋىپ قۇتبىدىن شاھ ھەزرەتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ئاتا- ئانىسى ئۇنى مەككىگە ئېلىپ بارغان ۋە باشلانغۇچ مەلۇماتنى مەككىدە ئالغان. كېيىن ئۇنى ھېندىستانغا ئېلىپ بىرىپ ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن ئۆتكەندىن كېيىن دېھلى شەھىرىدىكى دېھلى دارىلئولۇم مەدرىسىدە، ئاندىن ئىراننىڭ ئىسپاھان دارىلفۇنى ۋە ئافانىستاننىڭ كابول دارىلفۇنىدا ئوقۇغان . ئۇ بۇ جەرياندا خىمىيە، تىبابەت، ئىلمىي نۇجۇم، تارىخ، لوگىكا، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۈگۈنۈش بىلەنلا قالماي يەنە ئەرەب، پارس، ئوردۇ ۋە ھېندى تىللىرىنى پىششىق ئىگىلەپ دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەنمۇ ناھايىتى پىششىق تونۇشقان ۋە ئاشۇ دەۋردىكى پىشىۋالارنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئۈستىدىمۇ مەلۇم  تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان، بۇ نەتىجىلىرى بىلەن مەۋلىۋىلىككە  (شۇ ۋاقىتتا ھېندىستان ئىلىم ساھىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنۋان) ئىرىشكەندىن كېيىن زامانداشلىرى ئۇنىڭغا تەجەللى-مۇجەللى دېگەن تەخەللۇسنى ھەدىيە قىلغان. ئۇ چەتئەللەردىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ كەلگەندىن كېيىن يەكەندىكى يېشىل مەدرىسىگە مۇدەررىسلىككە تەيىنلەنگەن. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تالىپلار ئۇنىڭغا تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان. شائىرنىڭ شۇ چاغدا يازغان بەزى شېئىرلىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرى ئۆلىمالار، زىيالىيلار ئارىسىدا قولدىن-قولغا ئۆتۈپ ئوقۇلغان ۋە تارقالغان. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردىلا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي تىبابەتچىلىكى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىمىيە تەتقىقاتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا يۈرەك، ئۆپكە كىسەللىكلىرىنى ۋە بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋاسى تېپىلمايۋاتقان راك (سەرتان) كېسىلىنى يىلان گۆشى (زەھىرى) بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك ساقايتالىغان. ئۇنىڭ تىبابەتچىلىك جەھەتتە قالدۇرغان مىراسلىرىدىن بىرى «تەجەللى رىتسىپلىرى» ناملىق تىبابەتچىلىك ئەسىرىدۇر، ئۇ بۇ ئەسەردە 7000 خىل دورىنىڭ نامىنى بىلگەن ۋە 500 نەچچە خىل دورىنى ياساپ چىققان.

مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن ئۇ يەكەندىكى مۇدەررىسلىكىنى تاشلاپ قاغىلىققا كېلىپ قاغىلىق مەدرىسىدە مۇدەررىس بولغان ۋە بۇ جەرياندا 12-ئەسىردە ياشىغان خۇراسانلىق مەشھۇر ئالىم ئەللامە زەمەخشەرىنىڭ «تەپسىرى كەششاپ» ناملىق كىتابىنى يېڭىلاپ يېزىپ ، «تەجدىدى كەششاپ» نامى بىلەن ئىشلەپ چىققان.

ئالىم يەنە دىننىڭ زامان تەرەققىياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدە بەزى ئىلغار قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىننىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە مەزمۇنىنى چۈشەندۈرمەيدىغان، ئۇنى زامان تەرەققىياتى بىلەن قارمۇ-قارشى قويۇپ، ھەممە نەرسىگە مۇتەئەسسىپلىك بىلەن قارايدىغان بىر قېسىم نادان، جاھىل كۈچلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىغىنى ئۈچۈن ئۇلار تەجەللىگە نىسبەتەن دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ ئوچۇق ۋە ئاشكارا ھالدا ھەر قايسى يەرلەگە ئۆز ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ئەسەر، كىتابلىرىنى يىغىپ يەكەندە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن» ⑱، مۇشۇ دەۋرلەردىلا چەتئەللەردە ئوقۇپ بىلىم ئالغان ۋە خىلى ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان ئادەمنىڭ كىتابلىرىنىڭ ھەققىقەتەن كۆپ بولۇشى ھەممەيلەنگە ئايان بىر پاكىتتۇر.

        20-ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق يىللارنىڭ بىرى بولۇپ، سىياسى سىھرىگەر ياڭ زىڭشىن ، جىن شۇرىن قاتارلىىق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن «خەلق قانچە نادان بولسا، ئۇلارنى باشقۇرۇش شۇنچە ئوڭاي» دەيدىغان ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ شىنجاڭدا بىرەر گىزىتخانا، نەشىرىيات ئورگىنى ياكى مەكتەپ  سالدۇرمىغان. (ئۆزىگە ياراملىق ئەسكەرلەر ۋە ئەمەلدارلارنى تەربىيلەيدىغان روسچە سىياسى-قانۇن تېخنىكومىنى ھىسابقا ئالمىغاندا،  خەلق ئاممىسى ئۈچۈن بىرەر مەكتەپمۇ ئىچىپ بەرمىگەن، مەكتەپ ئاچقانلارنى بولسا ھەر خىل يوللار ئارقىلىق يوقاتقان) . بۇ دەۋردىمۇ كىتاب كۆيدۈرۈش داۋاملىق بولۇپ تۇرغان. بۇ ھەقتە تارىخشۇناس موللا نىياز 1921-يىلى يېزىپ قالدۇرغان « كۆيدۈرۈلگەن جاۋاھىراتلار» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغان: بۇنىڭدىن يەتتە يىل مۇقەددەم مەن خوتەن شەھىرىنىڭ گۈلباغ مەھەللىسىدە ئىستىقامەت قىلىپ كىتاب سېتىش ، خەتتاتلىق قىلىش بىلەن روزىغارىمنى تەۋرىتەتتىم. كۆپرەك مەشھۇر تۈرك ئەدىبلىرىنىڭ داڭلىق داستانلىرى، ھىكايە-قىسسەلىرىنى تېپىپ ئۇلارنى كۆچۈرۈپ خىردارلارغا ساتاتتىم، ئەرەب، پارس تىلىدىكى داڭلىق داستانلارنى تېپىپ كۆچۈرۈپ ھاجەتمەنلەرنىڭ ئىھتىياجىدىن چىقاتتىم. بۇنىڭدىن سىرت مېنىڭ كىتاب دۇككېنىمدا خوجا ھاپىز، ئۆمەر ھەييام، ئابدۇقادىر بېدىل، شەيخ سەئىدى ئەسەرلىرى بىلەن بىللە يەنە «شاھنامە»، «كەلىلە ۋە دېمىنە»، «مىڭ بىر كېچە»گە ئوخشاش ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئارىمىزدىن چىققان مۇتەئەسسىپ، مۇناپىق ۋە بەتخەجلەر مانجۇ، شېۋىت، ئېنگىلىز ۋە باشقا قارا نىيەتلەرنىڭ يوليۇرۇقىدا قۇترىغان خوجا- ئىشانلار كىتابلارنى يىغىۋىلىپ ئوتتا كۆيدۈردى. بۇ ھال خوتەندىلا يۈز بىرىپ قالماي يەكەن، قەشقەر ۋە كۇچالاردىمۇ يۈز بەرگەن .⑲

بۇلاردىن باشقا ، دىيارىمىزغا كەلگەن ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە مەلۇماتلار ساقلانغان. 1914- يىلى تۇرپانغا كەلگەن لېكوك بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «مېنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرغىنى، بۇلار (يەرلىك خەلقنى دېمەكچى) قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دېگەننىڭ قىممىتىنى، بىز ئېلىپ كېتىپ تۇرغان نەرسىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە تەئەللۇق قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى » دېدى . لېكوك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ : «شۇ ۋەجىدىن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك يادىكارلىقلار توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن. بىر ئىش مېنى ئەڭ ئېچىندۇرىدۇ. بىر دىھقان بىزگە بىرىنچى قېتىملىق يىراققا يۈرۈش قىلغان ئەترەت بۇ يەرگە كەلگەندە تۈزلەپ زېرائەت تېرىش ئۈچۈن بىر بۇتخانىنى بۇزغاندا ئويلىمىغان يەردىن توپتوغرا بەش ھارۋا كەلگۈدەك مانىي دىنىغا ئائىت قوليازمىلارنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇلار بىز ئارزۇ قىلىۋاتقان تەتقىقات ئوبيېكتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىستۇرما بېتى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قىستۇرما رەسىملەر بولاتتى. لېكىن ، دىھقانلار بۇلارنى بىدئەتلىك دەپ قورقۇپ، شۇنداقلا مەنچىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇنى باھانە قىلىپ نۇرغۇن نەرسە تەلەپ قىلىشىدىن قورقۇپ ، بۇ قوليازمىلارنىڭ ھەممىسىنى دەرياغا تۆكۈۋەتكەن.»⑳ گەرچە بۇ كىتابلار كۆيدۈرۈلۈپ تۈگىتىلمىگەن بولسىمۇ ئوخشاشلا كۆيدۈرۈلۈشتەك ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان.

مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى جۇڭگو تارىخىدا سولچىل سىياسەت ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەن بىر دەۋر بولۇپ، بۇ مەزگىلدە پۈتكۈل جوڭگۇ مىقياسىدا قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كونىلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە كۆيدۈرۈلۈپ تۈگىتىلگەن.

مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە قەشقەر ھىيتگاھ جامەسى ئالدىدا كۆيدۈرۈلگەن كىتابلارنىڭ سانىمۇ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغان. بۇ ھەقتە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە زەمىن يېزىسىدىكى 100 ياشلىق مۇھەممەت بوۋاي ئۆز يېزىسىدا تۇرۇپ قەشقەر ھىيتگاھ ئالدىدىكى نەچچە قەۋەتلىك بىنا ھالىتىدە تېزىلغان كىتابلارنى ۋە بۇ كىتابلارنى كۆيدۈرۈشتىن چىققان ئىسنىڭ قەشقەر ئاسمىنىنى قاپلىغانلىقىنى ۋە ئەتراپتىكى بىر قانچە يېزا- مەھەللىگە تارالغانلىقىنى  ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا ، ئۆيمۇ – ئۆي يۈرۈپ كىتاب يىغىپ كۆيدۈرۈشتەك بۇ خىل دولقۇندا كىتابلىرى كۆپرەك بولغان ئائىلىلەرنىڭ كىتابلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشى بۇ چاغدا نورمال بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا ئەدىب مىجىت ھەسەن ئۆزىنىڭ «كروران» ژورنىلىنىڭ 2005- يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلغان «ئاھ، مېنىڭ كىتابلىرىم» ناملىق ئەسلىمىسىدە 3000 نەچچە يۈز پارچە كىتابىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەن قارا كۈچلەرنىڭ قولىدا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھويلىسىدىلا كۆيدۈرۈلۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقىنى ئازاب بىلەن خاتىرىلىگەن.»(21)

بۇ مەزگىلدە يەنە ئەھمەتخان ئىبراھىم كىتابلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ ، بۇ مەزگىلدە ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ كىتاب يىغىۋېلىش ئادەتكە ئايلانغان. چۈنكى قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى كونىلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە كۆيدۈرۈلۈش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىغان. ئەھمەتخان ئىبراھىم كىتابلىرىمۇ مۇشۇنداق تەقدىرگە ئۇچرىغان.

ئەھمەتخان ئىبراھىم 1889- يىلى جىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى ئىلىم- مەرىپەتنى سۆيىدىغان كىشى بولغاچقا ، غۇلجىلىق قۇربان خەلپىتىمنى ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان. 1917- يىلى ناسۇھا داموللا چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندە ئۇ ئادەمنىڭ قولىدا ئوقۇغان ۋە ئەرەب، پارس، تۈرك تىللىرىنى ئىگىلەپ  بولغان. 1924- يىلى ناسۇھا داموللا ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سوۋىت ئىتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىلىم ئىلىش ئازۇسىدا 1931-يىلى قەشقەرگە بارغان ۋە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ كىتاب يىغىش، ساقلاش ۋە كىتاب تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1958-يىلى «يەرلىك مىللەتچى» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1969- يىلى تۈرمىدىن چىقىپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا ئېلىپ بىرىلغان . يەنە يەتتە يىلدىن كېيىن مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆيىدىكى 3000 پارچىدىن ئارتۇق كىتابى ئاختۇرۇلۇپ ئاللىبۇرۇن كۆيدۈرۈۋىتىلگەن. بۇ كىتابلار ئىچىدە موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە»، «تارىخى ھەمىدى» قاتارلىق كىتابلىرىنىڭ قوليازما نۇسخىلىرى، مۇسا جارۇللا، قازى رىزائىدىن ئىبنى پەخىردىن، ئەھمەت پەرىنىڭ ئەسەرلىرى ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە تارىخ، ئەدەبىياتقا ئائىت نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنىدۇ.»(22)

ئۇيغۇرلار گەرچە مەدەنىيەت دەۋرىگە بالدۇرراق قەدەم قويۇپ شەھەرلەرنى قۇرۇپ، باسمىچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ھەر خىل يېزىقتىكى ئەسەرلەرنى تارقىتىش شەرىپىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ زالىم ھۆكۈمرانلىقى سەۋەبىدىن مەدەنىيەت تارىخىمىزنى يۇرۇتۇپ بىرىدىغان ھەر خىل تۈردىكى موھىم ئەسەرلەر بۇ دولقۇندا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. شۇڭا دەۋرىمىزگە يىتىپ كەلگەن ئەسەرلەر ئىنتايىن ئاز ساندا. مەدەنىيلىكنىڭ موھىم بەلگىلىرىدىن بىرى -كىتاب ئوقۇش، ساقلاش ۋە ئۇنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋام قىلدۇرۇپ ئۇنى بىر مەدەنىيەت گىنىغا ئايلاندۇرۇشتۇر.

ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە : « <دىۋان>دا سۆزلەرنىڭ بىرلىك، كۆپلۈك، ئاشۇرۇش، سىلىشتۇرۇش، كىچىكلىتىش ۋە تۈرلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر سۆزلەنمەيدۇ ، لېكىن مەن بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن <تۈركىي تىللارنىڭ نەھۋىگە ئائىت جەۋھەرلەر> ناملىق يەنە بىر كىتاب يازدىم»(23) دەپ يازىدۇ . ئالىم «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نى يېزىپ مىڭ                                                                                                                                                                                                                                                             يىلىدىن كېيىن (1072 – 1074 يىللاردىن 1981- يىلى قولىمىزغا يېتىپ كەلگۈچە بولغان ۋاقىت) قولىمىزغا يېتىپ كەلدى. لېكىن ئاپتور ئېيتقان «تۈركىي تىللارنىڭ نەھۋىگە ئائىت جەۋھەرلەر» ناملىق ئەسەر ھەققىدە بىز بۈگۈنگىچە ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسمىز. ئىھتىمال بۇ تارىخىمىزدا يۈز بەرگەن كۆپ قېتىملىق كىتاب كۆيدۈرۈشتەك ۋەھشىيلىكنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى بىر ئېچىنىشلىق پاجىئە. بۇ كىتاب ئېنىقكى ئالىمنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىگە ئوخشاشلا ئىلىم ساھەسىدىكى بوشلۇقلارنى تۇلدۇرىدىغان موھىم ئەسەر بولۇشى مۇقەررەر. ناۋادا بۇ ئەسەر قولىمىزغا يىتىپ كىلەلىگەن بولسا تىلشۇناسلىق ۋە باشقا ئىلىم ساھەلىرىگە ئائىت مەسىلىلەر بالدۇرراق ھەل بولغان بولاتتى.بۇنىڭدىن باشقا ئاپتورنىڭ ئەسىرىدە قەيت قىلىپ ئۆتكەن

كەلكۈن بولۇپ ئاقتۇق،

كەنتلەرنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق،

بۇتخانىنى يىقىتتۇق،

بۇت ئۈستىگە چىچتۇق(24).

دېگەن بايانلىرىدىن شۇنى بىلىۋالايمىزكى، قەدىمكى دەۋرلەردە بۇتخانىدا ياكى مېڭئۆيلەردە تۈركۈم-تۈركۈملەپ كىتاب ساقلىنىدىغان ئادەت بار ئىدى، قاراخانىيلار ئىسلام ئېچىش بىلەن دىنىي ئېدىئولوگىيىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك مانا مۇشۇنداق شەكىللەر ئارقىلىقمۇ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىن مول ئۇچۇر بىرىدىغان ئەسەرلەرنى ۋە تارىخى يالدامىلارنى بۇزۇش، كۆيدۈرۈش ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ۋەيران قىلغان. قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر تەرەپ قاراخانىيلار دەۋرىدەك ئىلىم-پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە زور گۈللىنىشتەك ۋەزىيەتتە پەقەت ساناقلىقلا كىتابلارنىڭ مەسىلەن مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ « دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك » ، « تۈركىي تىللارنىڭ نەھۋىگە ئائىت جەۋھەرلەر » ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، ئابدغاپپار ئالمائىنىڭ «قەشقەر تارىخى» قاتارلىق ساناقلىقلا ئەسەرلەرنىڭ بولۇشىلا مومكىن ئەمەس، ھەتتا بۇلاردىنمۇ سان ۋە سۈپەت جەھەتتە يۇقىرى بولغان ئەسەرلەرنىڭ بولۇشى ئەمەلىيەتكە يىقىن. ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇدھىش قارا جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەتنى چەتكە قىقىشى، مىللىتىمىز ئېلىپ بارغان كۆپ قېتىملىق دىنى ئېتىقاد ۋە دىنىي ئىنكارچىلىق، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ خەلقنى بىخۇدلۇقتا قويۇشتەك ئەشەددىي سىياسەتلىرى ۋە باشقا ھەر خىل(چەتئەل ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىنىڭ ھەر خىل ماتېرياللارنى ئۆز دۆلىتىگە ئېلىپ كېتىشى دېگەندەك) سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قولىمىزغا يىتىپ كىلەلمىگەن.

بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئۇنىڭ ماددى بايلىقىلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى نەچچە مىڭ يىللىق ئەجداد-ئەۋلاد مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرمال ساقلىنىپ ، كېيىنكى ئەۋلادلار تەرىپىدىن ياد ئېتىلىپ ۋە ۋارىسلىق قىلغۇدەك مەنىۋىي بايلىقلىرىمۇ بىر مىللەتنىڭ ئەڭ موھىم ئەنگۈشتەرىدۇر. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كىتاب ۋە ئۇ ئارقىلىق يارىتىلغان مەدەنىيەت يالدامىلىرى بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىنىڭ ئەينەن خاتىرىسى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تارىخ ئۈزۈلۈپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى ۋە تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئەجدادلىرى توغرۇلۇق مەلۇماتلارنى ناھايىتى ئاز قالدۇرغان. بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مەلۇماتلار كىتاب كۆيدۈرۈشتەك مۇدھىش قارا بوراندا كۈلگە ئايلىنىپ زور يوقىتىش خارەكتىرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تارىخىمىزدا يۈز بەرگەن مانا مۇشۇنداق كىتاب كۆيدۈرۈشلەر جەريانىدا كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار  بىزنى ئىلىم ساھەسىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرغان. بۇ پاجىئەلەر كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس جاراھەتلەرنى قالدۇرغان بولۇپ كۆپلىگەن ئاپتۇرلارنى قەلەم تەۋرىتىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماس قىلىپ قويغان. ئاشۇ كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار بىزنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە بىر مەھەل چىكىنىشمىزنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدەك ئاپەتلىك يىللاردا كىتاب ساقلاش ۋە ئوقۇش كونىلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىپ خەلقىمىز ئۆزىنىڭ قىممەتلىك كىتابلىرىنى ساقلاشتىنمۇ قورقىدىغان پىسخىك ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋاقىتتا كۆپلىگەن مەتبەئە ئورۇنلىرىمۇ تاقىلىپ قالغان. قېسقىسى مۇشۇ پاجىئەدە كىشىلەر قىممەتلىك مەنىۋىي بايلىقىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، بۇ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى غايەت زور يوقىتىش ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز بۈگۈنكى كۈندە ئەجدادلىرىمىز ياراتقان مول مەدەنىيەت نەتىجىلىرىگە ئىجادى ۋارىسلىق قىلىپ كىتاب ئوقۇيدىغان، ساقلايدىغان ۋە ئۇنى مىللەتنىڭ ئەڭ موھىم مەنىۋىي ساپاسى سۈپىتىدە كۆرىدىغان ئاڭنى يىتىلدۈرۈشمىز ھەم پەرز ھەم قەرزىمىزدۇر.

————-

ئىزاھلار:

⑤① ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى نەشرى، 4-27-بەتلەر.

② ئابدۇقىيوم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپلەر تۈزگەن: «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1984-يىلى نەشرى، 23-بەت.

③ قۇربان ۋەلى : «بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1986-يىلى نەشرى، 8-بەت.

  ④  شىناسى تېكىن : «قەدىمكى تۈركلەردە كىتاب، قەغەز ۋە تامغىلار»، تۈركىيە ئىستانبۇل نەشرىياتى، 1993-يىلى نەشرى، 13-بەت(يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ۋە ئابدۇبەسىر شۈكۈرىلەر يازغان «مەدەنىيەت كارۋانلىرى»  ناملىق كىتابتىن ۋاستىلىك سېتاتا ئېلىندى ) .

⑥ ئا. گ. مالياۋكىن : «9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت ماتېرياللار توپلىمى»، 1974-يىلى نەشرى ، نوۋوسىبىرسىك، 28-بەت ، (ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان «ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قېسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتىن ۋاستىلىك ستاتا ئېلىندى) .

⑦ «كونا تاڭنامە»، 18-جىلىد، 4-بەت، ئا. گ. مالياۋكىن : «9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت ماتېرياللار توپلىمى»، 1974-يىلى نەشرى، نوۋوسىبىرسىك، 28-بەت،(ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان «ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قېسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتىن ۋاستىلىك سىتاتا ئېلىندى).

⑧ ئا. گ. مالياۋكىن : «9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى»، 1974-يىلى نەشرى، نوۋوسىبىرسىك، 28-بەت،(ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان «ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قېسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتىن ۋاستىلىك سىتاتا ئېلىندى).

⑨ ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان: « ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قېسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى نەشرى، 211-بەت.

⑩«كونا تاڭنامە»، 18-جىلىد، 4-بەت، ئا. گ. مالياۋكىن : « 9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت ماتېرياللار توپلىمى»، 1974-يىلى نەشرى، نوۋوسىبىرسىك، 28-بەت،(ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان«ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قېسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتىن ۋاستىلىك سىتاتا ئېلىندى).

⑬⑫⑪ «يېڭى تاڭنامە»، 217-جىلىد، 1-4-بەتلەر، ئا. گ. مالياۋكىن : « 9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت ماتېرياللار توپلىمى»، 1974-يىلى نەشرى، نوۋوسىبىرسىك، 28-بەت،(ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان « ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتىن ۋاستىلىك سىتاتا ئېلىندى) .

⑭ رەجەپ يۈسۈپ : «ئەللامە مۇھەممەت ئەلالىدىن خوتەنى ھەققىدە»، «يېڭى قاشتېىشى» ژورنىلى، 1997-يىللىق 4-سان، 93-بەت.

⑮ ئۆمەرجان سىدىق : «سېھىرلىك زېمىن تۇرپان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىلى نەشرى، 141-بەت.

⑯ دىلدار ئەزىزى : «تاشاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ تۆھپىكار ئەۋلادلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1999-يىلى نەشرى، 30-31-بەتلەر.

⑰ شىرىپ خۇشتار : « ئېلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىنىڭ كۈتۈپخانىچىلىقى »، «شىنجاڭ تەزكىرىسى»، 1994-يىللىق 2-سان، 43-بەت.

⑱ مۇختەر مامۇت مۇھەممىدىن نەشىرگە تەييارلىغان: «تەجەللى شېئىرلىرىدىن»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2000-يىلى نەشرى، 9-بەت.

⑲ روزى قادىر : «ئۇلۇغ ئۆكتەبىر ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، ئۆزبىكىستان س س ر نەشرىياتى، تاشكەنت، 1971-يىلى، 25-بەت.

⑳ لېكوك [گىرمانىيە]: «شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»(مۇھەممەت ئىلى، مەھمۇد ۋەلىلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2003-يىلى نەشرى، 88-بەت.

(21) مىجىت ھەسەن : «كىروران»ژۇرنىلى، 2005-يىللىق 3-سان، «ئاھ، مېنىڭ كىتابلىرىم»،67-بەت.

(22) ئابدۇلھاپىز ئابدۇرەھىم ئېلتەبىر : «ھازىرقى زامان تارىخىدىكى تۇنجى كىتابچى- ئەھمەتخان ئىبراھىم»، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى ئىلمىي ژورنىلى»، 2000-يىللىق 4-سان، 108-بەت.

(24)(23) مەھمۇد كاشغەرى : « دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981-يىلى نەشرى، 1-توم، 3- 448 بەتلەر.

————–

ئاپتورلار : ئىمىن تاجى تۈرگۈن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخى كەسپىنىڭ 2009-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى ؛

تۇتىگۈل تۇرسۇن – شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ 2005 – يىللىق 5 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى .

تەھرىرلىگۈچى : ھەزرىتى ئەلى بارات

«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2010- يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى

]]>
?feed=rss2&p=11535 3