خانىش – پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى http://www.pasahet.net Fri, 04 Nov 2016 04:54:31 +0000 ug-CN hourly 1 مىڭ پارلاق قۇياش(4-باب) ?p=11377 ?p=11377#respond Mon, 10 Dec 2012 09:08:43 +0000 ?p=11377 تەرجىمە قىلغۇچى:ھەزرەتئەلى بارات

مەريەم لاي تامغا مېھمان كېلىشىگە ئامراق ئىدى، كەنت باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە سوۋغات بېرىشنى ياخشى كۆرەتتى؛ سۆيۈملۈك بى پىنى، ئۇنىڭ ئاغرىپ ئارام بەرمەيدىغان كاسسىنى، تۈگىمەس پاراڭلىرىنى ياخشى كۆرەتتى، ئەلۋەتتە فەيزۇللا موللامغىمۇ ئامراق ئىدى. لېكىن، مەريەمنىڭ ئەڭ كۆرگۈسى كېلىدىغىنى جەلىل ئىدى.

ئۇ ھەپتىنىڭ ئىككىسىدىن باشلاپ تىت – تىت بولۇشقا باشلايتتى. كۆزىگە ئۇيقۇ بارمايتتى، پەيشەنبە كۈنى جەلىل بىرەر ئىش بىلەن كېلىپ قالارمۇ دەپ، قورقۇنچىغا چۈشەتتى. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، يەنە بىر ھەپتە كۈتسىلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلەيتتى. ھەپتىنىڭ ئۈچى كېلىشى بىلەن ئولتۇرالمايلا قالاتتى، تالاغا چىقىپ ئۇياق- بۇياققا ماڭاتتى، لاي تامنى چۆرىدەپ ئايلىنىپ يۈرەتتى، خىيالى باشقا يەردە توخۇ كاتىكىگە دان تاشلاپ بېرەتتى. مەقسەت – نىشانسىز ماڭاتتى، سولۇپ يەرگە تۆكۈلگەن گۈل بەرگىلىرىنى تېمەتتى، بىلەكلىرىنى چېقىپ ئارام بەرمەيۋاتقان پاشلار بىلەن ئېلىشاتتى. پەيشەنبە كۈنى ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىشقا قولى بارمىدى، تامغا يۆلىنىپ جىممىدە ئولتۇرۇپ كەتتى، كۆزلىرىنى تاغ جىرالىرىدىن چۈشۈۋاتقان سۇدىن ئۈزمەي كۆتۈشكە باشلىدى. ئەگەر زەلىلى كېچىكىپ قالسا، ئۇنىڭ قەلبىنى قورقۇنچلىق بىر ۋەھىمە ئاستا – ئاستا باسىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ پۇتلىرى بوشاشتى، بىرەر جاينى تېپىپ ئۆزىنى تاشلاپ يېتىۋالغۇسى كەلدى.

ـ كەلدى، ئەنە داداڭ كەلدى….؟

ئۇنىڭ ھەر قېتىم تاشلارنى دەسسەپ ئېقىپ كېچىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھامان مەريەم ئىختىيارسىز سەكرەپ كېتەتتى، چېھرىدە يېقىملىق كۈلكە پارلايتتى، خوشلۇقىدا قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ كېتەتتى. مەريەم نانانىڭ ئىزچىل ئۆزىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بارغۇسى كەلمەيتتى، ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ تولىمۇ مۇشەققەتتە ئۆزىنى تامان كېلىشىنى ساقلايتتى. ئۇ ئۆزىگە ھاي بېرەتتى، ئۇنىڭ ئاشۇ ئېگىز ئۆسۈپ كەتكەن چۆپلۈكتىن مېڭىپ كېلىشلىرىگە سەرۋچانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى، ئۇ كاستىيۇمىنى سېلىپ دولىسىغا تاشلىۋالغان بولۇپ، مەيىن ئوتقاشتەك قىزىل گالىستۇكى مەيىن شامالدا توختىماي لەپىلدەيتتى.

جەلىل سەيناغا كېلەتتى – دە، چاپىنىنى مەشكە قاقلاپ قويۇپ، غۇلاچلىرىنى كەڭ ياياتتى. مەريەم ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باراتتى -دە، خوشلۇقىنى باسالماي توختىماي سەكرەيتتى، ئۇ مەريەمنى قولتۇقىدىن تۇتۇپ كۆتۈرۈپ ئاسمانغا ئاتاتتى. مەريەم خوشلۇقىدا توختىماي چىرقىرايتتى.

مەريەم ئاسمانغا ھەر ئېتىلغاندا زەلىلىنىڭ كۈلكە قاپلىغان چىرايىنى، يېقىملىق كۈلۈمسىرەشلىرىنى، پىشانىسىگە چۈشۈۋالغان چاچلىرىنى، ھەر ئىڭىكىدە ھەر كۈلگەندە پەيدا بولىدىغان بارمىقى پاتقۇدەك چوڭقۇرلۇقتىكى زىناقلىرىنى، پارقىراپ تۇرغان چىشلىرىنى كۆرۈپ ئۈلگۈرەتتى. بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چىشىنى قۇرت يەپ كەتكەنىدى، بۇ يەردىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ چىشلىرىنى ئەڭ ئاق دېيىشكە بولاتتى. قىز ئۇنىڭ تەكشى قىرقىلغان بۇرۇتلىرىغا ئامراق ئىدى، ھاۋانىڭ قانداق بولۇشى دىن قەتئىينەزەر ھەر كەلگەندە ئۇچىسىغا قوڭۇر كاستىيۇم بۇرۇلكىسىنى كىيىپ كېلىشىنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ قوڭۇر رەڭگە قەۋەتلا ئامراق ئىدى، كاستىيۇمنىڭ مەيدە يانچۇقىغا ئاپئاق قولياغلىقىنى ئۈچ بۇرجەك چىقىرىپ سېلىۋالاتتى، گالىستۇكنى قاتۇرۇپ تاقايتتى. تاقىغان گالىستۇكى ھەمىشە قىزىل رەڭدە بولاتتى، گالىستۇكىنى بەك گېلىغىچە ئېتىۋالماق، بوشىشىپ ئەركىن قويۇپ بېرەتتى. مەريەممۇ زەلىلى تاقىۋالغان قوڭۇر رەڭدىكى كۆزەينەكتىن ئۆز ئەكسىنى كۆرەلەيتتى. كۆزەينەكتە چاچلىرى يەلپۈنۈپ، چېھرىدە ئاجايىپ قىزغىن بىر كەيپىيات بەرق ئۇرۇپ تۇرغان مەريەمنىڭ كەينىدە كۆك ئاسمان يېيىلىپ ياتقان سىماسى ئەكس ئېتەتتى.

تانا ھەمىشە: «ھامان بىر كۈنى زەلىلىنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ، بىر يېرىڭنى سۇندۇرۇۋالىسەن» دەيتتى. مەريەم زەلىلىنىڭ ئۆزىنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتمەيدىغانلىقىنىغا، ھەر قانچە ئېگىز ئېتىلسىمۇ دادىسىنىڭ پاكىز، تىرناقلىرى چىرايلىق ياسىتىلغان قولىغا چۈشىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

ئۇلار لاي تامنىڭ تېشىدىكى سايىدا ئولتۇرۇشتى، نانا ئۇلارغا چاي دەملەپ ئەچىقىپ بەردى. زەلىلى ئۇنىڭ بىلەن باش لىڭشىتىپ سالاملاشتى. نانا ئەزەلدىن زەلىلىگە تاش ئاتمايتتى، ئۇنى قاغاپمۇ يۈرمەيتتى.

جەلىل يوق چاغدا، نانا ئۇنى ئاغزى بېسىقماي تىللىسىمۇ، لېكىن ئۇ كەلسىلا مۇلايىملىشىپ، قائىدىلىك بولۇپ قالاتتى. چاچلىرىنى پاكىز يۇياتتى، چىشلىرىنى چوتكىلايتتى، ئۇنى دەپ ئەڭ چىرايلىق ھىجاپلىرىنى كىيەتتى. ئۇ زەلىلىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇندۇقتا قوللىرىنى تىزىغا قويۇپ جىممىدە ئولتۇراتتى. نانا ئۇنىڭغا ئەزەلدىن ئۇدۇل قارىمايتتى، ئۇنىڭ ئالدىدا قوپال، سەت گەپلەرنىمۇ ئاغزىدىن چىقارمايتتى. كۈلگەن چېغىدا قۇرۇت يەپ كەتكەن چىشلىرىم كۆرۈنۈپ قالمىسۇن دېگەندەك قولى بىلەن ئاغزىنى توسۇۋالاتتى.

نانا ئۇنىڭدىن سودىسىنىڭ قانداقلىقىنى سورىدى، خوتۇنلىرىنىڭ ھالىنى سورىدى. سۆيۈملۈك بى بىنىڭ ئۇنىڭ ئەڭ ياش خوتۇنى نەرگىنىڭ ئۈچىنچى بالىسىغا قورساق كۆتۈرگەنلىكىنى ئۆزىگە سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان زەلىلى ئەدەپ بىلەن كۈلۈپ قويدى، راست، شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بېشىنى لېڭشىتتى.

— ھىم، سىز چوقۇم خوش بولىسىز، — دېدى نانا، — ھازىر قانچە بالىڭىز بار؟ ۋاي ئاللاھ، 10 بالىڭىز بار، شۇنداقمۇ؟

جەلىل 10 بالام بار دېگەن ئىدى.

— مەريەمنى قوشسىڭىز 11 بالىڭىز بولىدىكەن.

جەلىل ئۆيىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، مەريەم بىلەن نانا مۇشۇ ئىشنى دەپ قىزىرىشىپ قالدى. مەريەم نانانى زەلىلىنى ئەخمەق قىلدىڭ، دەپ ئەيىبلىدى.

نانا بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ چاي ئىچىشكەندىن كېيىن، مەريەم بىلەن جەلىل ھەمىشە تاغ جىراسىغا بېلىق تۇتقىلى كېتەتتى. جەلىل مەريەمگە قارماق دەستىسىنى قانداق شىلتىشنى، قارماققا ئېلىنغان بېلىقنى قانداق تارتىپ چىقىرىشنى ئۆگىتەتتى. بېلىقنى قانداق ئۆلتۈرۈشن، قانداق ئادالاشنى، بېلىقنىڭ گۆشىنى قىلتىرىقلىدىن قانداق ئايرىشنى ئۆگىتەتتى. بېلىق قارماققا ئېلىنغۇچە زەلىلى مەريەمگە رەسىم سىزىپ بېرەتتى، قەلەمنى قەغەزدىن كۆتۈرمەي تۇرۇپ، بىر سىزىقنىڭ پىلىسىنى قانداق سىزىشنى ئۆگىتەتتى. ئۇ يەنە ئۇنىڭغا ناخشا ئۆگىتىپ قوياتتى. ئۇلار بىللە ناخشا توۋلىشاتتى:

جەلىل ھىراتتا چىقىدىغان «ئىسلام بىرلىك گېزىتى»دىن قىيىۋېلىپ ئالغاچ كەلگەن خەۋەرلەرنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرەتتى. زەلىلى مەريەم ئۈچۈن تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ئالاقىچى ئىدى، ئۇ مەريەمگە لاي تامنىڭ سىرتىدا، گۇرامان ۋە ھىراتنىڭ سىرتىدا يەنە ناھايىتى چوڭ دۇنيا بارلىقىنى، ئاشۇ دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئاغزىغىمۇ كەلمەيدىغان ئىسىمنىڭ بارلىقىنى، ئاشۇ دۇنيادا پويىز، مۇزېي ۋە پۇتبول بارلىقىنى، يەر شارىنىڭ ئايلىنىپ ئاي شارىغا قوشىدىغان راكىتا بارلىقىنى ئېيتىپ بېرەتتى. زەلىلى ھەر ھەپتىنىڭ تۆتى دۇنيا ھەققىدىكى يېڭى – يېڭى خەۋەرلەرنى لاي تامغا ئالغاچ كېلەتتى.

1973 – يىلى، ئۇ 14 ياشقا كىرگەن يىلى، كابۇلغا 40 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان زاھىر شاھنىڭ بىر تامچىمۇ قان تۆكۈلمەي، سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلانغانلىقىنىمۇ مەريەمگە زەلىلى سۆزلەپ بەرگەنىدى.

— بۇ ئىشنى پادىشاھ ئىتالىيىگە داۋالانغىلى كەتكەندە، ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى داۋۇت خان[1] قىلغان. داۋۇت خان ئېسىڭدە بار، شۇنداقمۇ؟ مەن ساڭا ئۇ توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن. سەن تۇغۇلغاندا، ئۇ كابۇلغا ۋەزىر ئىدى. ئىشقىلىپ، ئافغانىستان ئەمدى پادىشاھلىق دۆلەت ئەمەس، مەريەم، بىلەمسەن، ئافغانىستان ھازىر جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلدى. جۇمھۇرىيەتكە داۋۇت خان زۇڭتۇڭ بولدى. كابۇلدىكى سوتسىيالىزمچىلار ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزغان دەيدىغان ئۆسەكلەر بار. ساڭا دېسەم، كىشىلەر ئۇنى ھېلى سوتسىيالىزمچى دېسە، ھېلى ئۇنىڭغا يانتاياق بولدى، دېيىشىدۇ.

مەريەم ئۇنىڭدىن سوتسىيالىزم دېگەننىڭ نېمىلىكىنى سورىدى، زەلىلى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، لېكىن بۇ چۈشەندۈرۈشلەر مەريەمنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى.

— ئاڭلاۋاتامسەن؟

— ئاڭلاۋاتىمەن.

زەلىلى مەريەمنىڭ چاپىنىنىڭ تومپىيىپ چىققان يان يانچۇقىغا قاراۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى.

— ھە، راست. مانا ئالە، ئەمدى خىيالىڭنى يېغىپ ئولتۇر…

ئۇ يانچۇقىدىن كىچىك بىر قۇتىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدى. ئۇ ھەر كەلگىنىدە مۇشۇنداق قىلاتتى، ئۇنىڭغا ئۇنى – بۇنى ئالغاچ كېلەتتى. ھېلى 玛? دىن ياسالغان بىلەيزۇك، ھېلى كۆكۈش چۇچىلىرى ساڭگىلاپ تۇرغان شارپا ئەكىلەتتى. مەريەم قۇتىنى ئاچتى، قۇتىنىڭ ئىچىدە يۇپۇرماق شەكلىدىكى بىر تال بۇلاپكا، بۇلاپكىنىڭ ئۈستىدە ئاي بىلەن يۇلتۇزنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن تەڭگە تۇراتتى.

— قەدىرلىك مەريەم، قېنى ئېسىپ باقە، بىر كۆرەي.

مەريەم بۇلاپكىنى بوينىغا ئاستى.

— ياراشتىمۇ؟

— خانىشنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشىدىڭ، — دېدى زەلىلى چاقچاق ئارىلاش.

زەلىلى كەتتى، نانا مەريەمنىڭ بوينىدىكى بۇلاپكىنى كۆردى.

— كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىدىكىلەر مۇشۇنداق بېزەكلەرنى تاقىۋالىدۇ، — دېدى نانا، — مەن ئۇلارنىڭ بۇنى قانداق ياسايدىغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇلار خەقلەر تاشلىۋەتكەن تەڭگىلەرنى ئېرتىپ زىبۇ – زىننەت ياسايدۇ. ئۇ ساڭا شۇنچە قىلغاندىكىن، نېمىشقا ئالتۇندىن ياسالغانلىرىنى ئالغاچ كەلمەيدۇ؟ قېنى، ئۇ بۇدا نېمە ئالغاچ كېلىدىكىن، قاراپ باقايلى.

جەلىل ھەر قېتىم خوشلىشىپ ماڭغاندا، مەريەم ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ قالاتتى. كېلەر ھەپتىنىڭ تېزراق كېلىشىگە تەقەززا بولاتتى. كۆڭلى يېرىم بولاتتى. جەلىل ھەر قېتىم كېتىدىغان چاغدا مەريەمنىڭ تېنىقلىرى توختاپ قالغاندەك بولاتتى. ئۇ تېرە ئالماستىن، كۆڭلىدە قانچە سېكونت ئۆتكەنلىكىنى ھېسابلايتتى. تېرە ئالماي تۇرغان ۋاقتى بىر سكۇنت ئارتۇق بولسا، ئاللاھ جەلىلنى ئۆز يېنىدا بىر كۈن ئارتۇق تۇرغۇزىدىغاندەك تۇيغۇدا بولاتتى.

كېچە، بورا ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتقان مەريەم ھىراتتىكى ئۆيلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى خىيال قىلاتتى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكەن كۈنلىرىنى، ئۇنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرسا قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىنى ئويلايتتى. ئۇ ساقال ئېلىۋاتقان چېغىدا يېنىدا تۇرۇپ لۆڭگە سۇنۇپ بېرىشنى، ساقال ئېلىۋېتىپ يۈزىنى كېسىۋالسا ئەسكەرتىپ قويۇشىنى، ئۇنىڭغا چاي دەملەپ بېرىشنى ئارمان قىلاتتى. ئۆزىنى ئۇنىڭ كىيىملىرىنى تۈگمىسىنى قاداپ بېرىۋاتقان، ھىرات كوچىلىرىدا، ئەگمە تۇرۇشلۇق بازارلاردا سەير قىلىۋاتقان ھالەتتە سېزەتتى. زەلىلى ئۇ يەردە كىشىلەر ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇلار پىكاپلارغا ئولتۇراتتى. كىشىلەر ئۇلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئەنە، جەلىل خان قىزى بىلەن كېتىۋاتىدۇ» دېيىشىپ قالاتتى. جەلىل ئۇنى ئاستىغا داڭلىق شائىر كۆمۈلگەن ھېلىقى مەشھۇر دەرەخنىڭ يېنىغا ئاپىراتتى.

مەريەم مۇشۇ خىياللىرىنى ھامان بىر كۈنى جەلىلگە سۆزلەپ بېرىش قارارىغا كەلدى. زەلىلى بۇنى ئاڭلىسا ئۆزى كەتكەندە مەريەمنىڭ ئۇنى قانچىلىك سېغىنىدىغانلىقىنى بىلسە، چوقۇم ئۇنى ئالغاچ كېتىدۇ. زەلىلى ئۇنى ھىراتقا ئاپىرىپ باشقا بالىلىرىغا ئوخشاش ئۆز ئۆيىدە باقىدۇ.



[1] مۇھەممەد داۋۇت خان (1909 – يىل 1978)، 1973-يىلىدىن باشلاپ ئافغانىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنىلىپ، 1978-يىلى قەتلى قىلىنغان.

]]>
?feed=rss2&p=11377 0