ئۇچۇرلار – پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى http://www.pasahet.net Fri, 04 Nov 2016 04:54:31 +0000 ug-CN hourly 1 دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەشھۇر رومانلار (3) ?p=12140 ?p=12140#respond Sat, 30 May 2015 04:20:56 +0000 ?p=12140 دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى 

(رومان) 

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى (ئەنگلىيە)

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

(بۇ روماننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 2009- يىلى 8- ئايدا نەشر قىلىنغان) 

روماننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

19- ئەسىردىكى ئىستېتىزمنىڭ ۋەكىلى، دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئاجايىپ تالانتلىق شەخىس ئوسكار ۋىلدى (1854- 1900) دۇبلىندا تۇغۇلغان. «دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى» ناملىق بۇ ئەسەر ئوسكار ۋىلدىنىڭ بىردىنبىر رومانى بولۇپ، ئىستېتىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەردە مۇنداق ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ: دورىياننىڭ قاملاشقان چىرايى رەسسام بازىل خالۋاردنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامى ۋە بەدىئىي تەسەۋۋۇرىغا زور ئىلھام بېرىدۇ– دە، دورىياننىڭ پورتېرىتىنى ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت بىلەن سىزىپ چىقىدۇ. دورىيان گرېي ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز قاملاشقان چىراينىڭ رەسىمدە ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ، ئاشۇ قاملاشقان چىرايىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرىپ سەتلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ھازىرقى مۇشۇ جەلىپكار قىياپىتىنىڭ ھامىنى يوقىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ چەكسىز ئىزتىراپ چېكىدۇ ۋە روھىنى ئالماشتۇرۇش بەدىلىگە ياشلىق باھارىنى، قاملاشقان چىرايىنى ساقلاپ قېلىش، چىرايىدىكى يىللارنىڭ ئىزناسى بولمىش قورۇقلارنى رەسىمىگە يۈكلەپ قويۇشتەك بىر ئىستەك كاللىسىغا كېلىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن مۆجىزە يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ بۇ ئىستىكى راستىنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، لورد ھېنىرىنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، دورىيان مودا قوغلىشىپ، راھەت– پاراغەتلىك تۇرمۇشقا بېرىلىپلا كېتىدۇ. خىيالىغا كەلگەننى قىلىدۇ، ۋۇجۇدىدا ھېيىقىش، خىجىل بولۇش دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. ئۆزىنى ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالغان ياش ئارتىسىت قىز سىبىل ۋېيىنغا شەپقەتسىزلىك قىلىپ، قىزنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. دەسلەپتە سىبىلنىڭ ئۆلۈمىدىن يۈرىكى پۇچۇلىنىدۇ. لېكىن، لورد ھېنىرىنىڭ «ياشلىق ئادەمگە باقىۋەندە ئەمەس، ياشلىقىڭدا قانغۇچە ئويناپ– كۈلۈۋال» دېگەندەك گەپلىرىدىن تېزلا ئۆزگىرىپ، غېمىدە يوق ئويناپ– كۈلۈپ ياشاۋېرىدۇ.

دورىياننىڭ نۇرغۇن دوستلىرىمۇ ئۇنىڭ چۈشكۈن ۋە شاللاقلىقى تۈپەيلى، ئابرويى تۆكۈلۈپ ۋەيران بولىدۇ. رەسسام بازىل خالۋارد ئۇنىڭ بۇ چۈشكۈن قىياپىتىگە ئېچىنىپ ، ئۇنى قايتىدىن ئادەم بولۇشقا ئۈندەيدۇ. بۇنىڭدىن غەزەبلەنگەن دورىيان ئاچچىقىدا بازىلنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ۋە يەنە بىر دوستىغا تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇپ يۈرۈپ، بازىلنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرگۈزۈپ ئىزىنى يوقۇتىۋېتىدۇ. ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇ شۇنچە يىل ئەيىش– ئىشرەت بىلەن ياشىغان بولسىمۇ، لېكىن چىرايىدىن كەتمەي، 20 ياش ۋاقتىدىكىدەك ياپياش تۇرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ پورتېرىتى خۇنۇكلىشىپ، رەسىمنىڭ ئاغزى ئەتراپلىرىغا قورۇقلار چۈشۈشكە باشلايدۇ. ئاخىرىدا دورىيان رەسىمدىكى بەدبەشرە ھالىتىنى كۆرۈپ ، ئۆزىنىڭ تالاي جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ شاھىدى بولمىش بۇ رەسىمنى پىچاق بىلەن يىرتىپ تاشلىماقچى بولغاندا، ئويلىمىغان يەردىن پىچاق ئۆزىنىڭ كۆكسىگە سانجىلىدۇ. دەل شۇ چاغدا، رەسىم ئەسلىدىكى چىرايلىق ھالىتىگە قايتىپ قالىدۇ. خەنجەر دورىياننىڭ كۆكسىگە سانجىلغاندىن كېيىن، روھى تېنىدىن ئاجرايدۇ ۋە ئەسلىدىكى قاملاشقان، سۇمباتلىق تۇرۇقىدىن ئەسەر قالمايدۇ.

روماندىكى باش پېرسۇناژ دورىيان گرېينىڭ چۈشكۈنلۈكى ۋە نامۇۋاپىق ھېسسىيات خاھىشى بىلەن ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى قائىدە– يوسۇنغا، ئالىيجانابلىققا ئىنتىلىش، مەدىنىي، ئەدەبلىك بولۇش ئۆز ئارا توقۇنۇشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، روماندا يەنە «ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى – ئازغۇنلۇققا باش ئېگىشتۇر» دېگەندەك نۇرغۇن «سەپسەتىلەر» ئۇچرايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ روماننى ئەستايىدىل ئوقۇپ كۆرگەندە، روماننىڭ مەزمۇنىغا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن ئىبرەتلىك مىساللارنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. خۇددى ھازىرقى زامان ئەدەبىي ئوبزورچى ۋېينار ۋېلكنىڭ ئېيىتقىنىدەك: «بۇ روماندا ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنى جازالايدىغان ئىبرەتلىك كارتىنىلار بار». مەزكۇر روماندا باش پېرسۇناژ دورىيان گرېي ، رەسسام بازىل خالۋارد ۋە لورد ھېنىرى قاتارلىق ئۈچ شەخس ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي تەبىئىتى، شەھۋەتخورلۇق، ئالىيجانابلىق، رەزىللىك، گۈزەللىك، بەد- بەشرىلىك قاتارلىق ئېتىكىلىق ئۇقۇملار ھېسسىي رەۋىشتە نامايەن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئاڭ قاتلىمىنىڭ قۇرۇلمىسىنى فروئىدنىڭ ئۈچ قاتلاملىق خاراكتېر نەزەرىيىسى بويىچە تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ ئۈچ پېرسۇناژ ئەمەلىيەتتە دورىياننىڭ ئوخشىمىغان ئۈچ خىل روھىي ھالىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بازىل خالۋارد ئۆزىدىن ھالقىش تىپىدىكى ئادەم. ئۇ ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل بولۇپ، دورىياننى قەدىر– قىممەتلىك ياشاشقا ئۈندەيدۇ. لورد ھېنىرى بولسا ئۆزلۈكنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ، «ئادەم ئاڭسىز ھايۋان، ئادەم ئۆزىدىكى ياۋايى ئىستەكنى ئىنكار قىلغاچقا، جازاغا مەھكۇم بولىدۇ » دەپ قارىغاچقا، دورىياننى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئويناپ– كۈلۈشكە، ياۋايى ئىستىكىنى ھەر ۋاقىت يېتەرلىك قاندۇرۇپ تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. دورىيان بولسا ئۆز تەبىئىتىگە نامۇناسىپ ئىش تۇتقان شەخىس، ئۇنىڭ قەلبى قاملاشقان چىرايىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. ئۇ سۈرىدىغان ھوزۇرنى سۈرۈپ، قىلىدىغان ئەسكىلىكىنى قىلىپ تويغاندىن كېيىن، رەسىمدىكى بەدبەشرە تۇرۇقىدىن قورقۇپ، رەسىمنى يىرتىپ تاشلىماقچى بولغاندا ئۆزى ھالاك بولىدۇ. رەسىم دورىيان جان ئۈزۈش بىلەن تەڭلا ئەسلىدىكى چىرايلىق ھالىتىگە قايتىدۇ. پورتېرىت بىلەن دورىياننىڭ ئۆلۈكى روشەن سېلىشتۇرما قىلىنغان بولۇپ، بۇنى سەنئەت بىلەن ئەمەلىيەت ھاسىل قىلغان مىسىلسىز سېلىشتۇرما دېيىشكە بولىدۇ. قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان دورىيان بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى، ئەمما پورتېرىت مەڭگۈ ساقلىنىپ قالدى . ۋىلدى ئىنتىلگەن «سەنئەت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . ھەتتا رېئاللىقنى، پايدا– مەنپەئەتنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەن ئىستېتىكىلىق ئىدىيىسى روماندا تولۇق ئەكسىنى تاپقان .

]]> ?feed=rss2&p=12140 0 دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەشھۇر رومانلار (2) ?p=12137 ?p=12137#respond Fri, 29 May 2015 04:18:23 +0000 ?p=12137 قەلئە

(رومان) 

ئاپتورى: فرانىز كافكا (ئاۋستىرىيە) 

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

(بۇ روماننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 2012- يىلى 6- ئايدا نەشر قىلىنغان) 

روماننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى 

فرانىز كافكا (1883- 1924) ئاۋستىرىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى بولۇپ، ھازىرقى زامان غەرب ئەدەبىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ جامىس جويىس، مارسىل پرۇست بىلەن بىر قاتاردا غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى دەپ قارىلىدۇ.

ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا ئۈچ پارچە رومان ۋە نۇرغۇن پوۋېست، ھېكايە، زور مىقداردىكى ئەدەبىي خاتىرە، فىليەتۇن، ھېكمەت، خەت- چەك، كۈندىلىك خاتىرىلەرنى يازغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى»، «ھۆكۈم»، «سۈرگۈندە»، «يېزا دوختۇرى»، «ئاچلىق سەنئەتكارى» قاتارلىق ھېكايە- پوۋېستلار توپلىمى، «سوراق» («ھۆكۈم» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان)، «ئامېرىكا»، «قەلئە» قاتارلىق  رومانلىرى بار. «قەلئە» كافكانىڭ سەھىپىسى ئەڭ چوڭ ئەسىرى بولۇپ، كافكانىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى ئەڭ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ھەم كىشىلەر تەرىپىدىن كافكانىڭ مۇھىم ئەسىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.

بۇ روماندا باش پېرسۇناژ K نىڭ قەلئەگە كىرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھېكايە قىلىنىدۇ، نۇرغۇن غەلىتە ۋە بىمەنە ئىشلار تەسۋىرلىنىدۇ. قەلئە ھېچقاچان يەر ئۆلچەش خادىمى تەكلىپ قىلمايدۇ، لېكىن K نىڭ يەر ئۆلچەش خادىمى سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. قەلئەگە قاراشلىق كەنت ئۇنچىۋالا چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ كەنتنى بىر توپ ئەمەلدار باشقۇرىدۇ. ئەمەلدارلارنىڭ سانى ئۆزلىرى باشقۇرىدىغان كەنت پۇقرالىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ. ئەمەلدارلارنىڭ كۈنى ئەتىگەندىن- كەچكىچە ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئىشخانىدىكى تېڭىق- تېڭىق ھۆججەتلەر تورۇسقا تاقاشقۇچە دۆۋىلىۋېتىلگەچكە ھېلىدىن- ھېلىغا يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئادەتتىكى ئەرزلەر، ئەرزىمەس تەلەپ- ئىلتىماسلار ئۈچۈن بيوروكراتلىق ئىنتايىن ئەۋج ئالغان بۇ غايەت زور ئاپپارات ئايلاپ- يىللاپ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. K تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قەلئەگە كىرمەكچى بولىدۇ. قەلئە ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر قەدەممۇ نېرى بولمايدۇ، لېكىن شۇنچە تىرىشقىنىغا لايىق قەلئەگە بىر قەدەممۇ يېقىنلىشالمايدۇ.

 K قەلئەگە كىرىش ئۈچۈن كلام ئىسىملىك بىر ئەمەلدار بىلەن كۆرۈشمىسە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە كلام بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايدۇ، لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. ئاخىرىدا قەلئەگە كىرىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ. رومان تولۇق ئاياغلاشمىغان بولۇپ، كافكانىڭ يېقىن دوستى ماكس برودنىڭ مەزكۇر روماننىڭ بىرىنچى نەشرىگە يازغان ئىلاۋىسىگە قارىغاندا، كافكا روماننى مۇنداق ئاياغلاشتۇرماقچى بولغان: K قەلئەگە كىرىش ئۈچۈن قىلمىغان ئامالى قالماي، زىيادە چارچاش تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدۇ. K سەكراتتا ياتقاندا قەلئەدىن K نىڭ كەنتتە تۇرۇپ قالسا ۋە شۇ يەردە خىزمەت قىلسا بولىدىغانلىقى، لېكىن قەلئەگە كىرسە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كېلىدۇ . . .

كافكا بۇ رومانىدا بىمەنىلەشتۈرۈش، مۇبالىغە قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق قاباھەتلىك چۈش تۈسىنى ئالغان دۇنيانىڭ رېئاللىقىنى ئېچىپ بەرگەن. روماندا تەسۋىرلەنگەن قەلئە ھوقۇقنىڭ سىمۋولى، دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى. ئاجايىپ يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ ھۆكۈمەت ئورگىنى ناھايىتى يېقىن يەردىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئەمما خەلقنىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭغا ھەر قانچە قىلىپمۇ يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ. روماندا ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئەۋج ئالغان بىيوروكراتلىق ئۆتكۈر ھەجۋىي تىل ئارقىلىق ئۇستىلىق بىلەن قامچىلانغان، ئوخشاش بىر تىپقا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ دۇنيا ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇنۇشلىرى تەپسىلىي تەسۋىرلەنگەن. روماندا تەسۋىرلىگەن ۋەقەلىك پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق نەرسە بولغانلىقتىن، كافكانىڭ ئەسەرلىرى دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان ۋە ناھايىتى ئالقىشلانغان.

 

]]>
?feed=rss2&p=12137 0
دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەشھۇر رومانلار (1) ?p=12135 ?p=12135#respond Thu, 28 May 2015 04:17:57 +0000 ?p=12135 جان قوزام

ئاپتورى: تونى موررىسون (ئامېرىكا) 

تەرجىمە قىلغۇچى: زۇلپىقار بارات ئۆزباش

(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 2014- يىل 12- ئايدا نەشر قىلىنغان) 

روماننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

«جان قوزام» ئامېرىكىلىق مەشھۇر يازغۇچى تونى موررىسوننىڭ چىن تارىخ ئاساسىدا يېزىپ چىققان رومانى بولۇپ، رومان ۋەقەلىكى ئوقۇغان كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ: قۇل ئايال سېس قىزىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قالىدۇ، قىزىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش قۇل بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن گۆدەك قىزىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئارىدىن 18 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قۇللۇق تۈزۈم بىكار قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇ ئۆز قولى بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرگەن قىزىنىڭ ئەرۋاھى پەيدا بولۇپ، ئۇنى كېچە- كۈندۈز ئازابلاپ ئارام بەرمەيدۇ؛ بۇرۇن ئۆتكەن قاباھەتلىك ئىشلار سېسنىڭ روھىنى چىرمىۋېلىپ، ئۇنى بىر مىنۇتمۇ ئارامىدا قويمايدۇ.

1987- يىلى نەشر قىلىنغان بۇ رومان ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك ئايال يازغۇچى تونى موررىسوننىڭ بەشىنچى رومانى بولۇپ، 1988- يىلى تونى موررىسون مۇشۇ رومانى بىلەن پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا، 1993- يىلى «جان قوزام»، «سۇلايمان ناخشىسى»، «جاز مۇزىكىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

«جان قوزام» ناملىق بۇ روماندا سېس ئىسىملىك بىر قۇل ئايال ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن «شېرىن ماكان» كېنتاكى قورۇقىدىن سىنسىنناتى قورۇقىغا قېچىپ بېرىۋالىدۇ. بىر ئايدىن كېيىن ئۇنى قۇلدار خوجايىن تۇتۇپ ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇ بالىسىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش قۇللۇق قىسمىتىگە دۇچار بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بالىسىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋېتىدۇ. ئۆز ئانىسىنىڭ قولىدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلگەن بۇ بالىغا «جان قوزام» دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ. ئۇمۇ بالىسىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆچمەنلىك نەزەردە قاراشلىرى ۋە چەتكە قېقىشلىرىغا ئۇچرايدۇ؛ بۇنىڭدىن ئېيتقۇسىز ۋىجدان ئازابىدا پۇچۇلىنىپ، چىدىغۇسىز تەنھالىق ۋە يالغۇزلۇق ئىچىدە ياشايدۇ. بالىنىڭ ئەرۋاھى ئۇنى زادىلا ئارامىدا قويمايدۇ. ئانىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بۇ بوۋاق 18 يىلدىن كېيىن بىر قىز سۈرىتىدە ئادەملەر ئارىسىغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئۆينى پاراكەندە قىلىپ ئارامچىلىق بەرمەيدۇ. ئانىسىدىن مېھىر ھەققى تەلەپ قىلىپلا قالماي يەنە ۋاستە تاللىماستىن پاۋلنى كۈشكۈرتۈپ، ئانىسىنىڭ تېخى ئەمدىلا تىنجىغان ۋە ئىللىغان تۇرمۇشىنى پاراكەندە قىلىپ ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. ئانا مېھرى بىلەن ئەركىنلىك ئەسلىدىنلا زىددىيەتلىك ئۇقۇم ئەمەس. ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ تارىخىدا بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر- بىرى بىلەن گويا سۇ بىلەن ئوتتەك چىقىشالمايدۇ. بىر ئانا ئەركىنلىكىنى، ھۆرلۈكىنى ئۆز قولىغا ئېلىش ئۈچۈن ئامالسىزلىقتىن باغرىنى يېرىپ چىققان قىزىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. رومان ۋەقەلىكلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جەھەتتە باشتىن- ئاخىر تەشۋىش ئارىلاشقان سېغىنىش ۋە ھەسرەت- نادامەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان شېئىرىي تۇيغۇ بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن. روماندىكى باش پېرسوناژ بىر ناتىۋان قارا تەنلىك قىز. جان قوزام ـــ سۆيگۈ- مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن بۇ قىز كېيىن ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، روھىي يۆلەك ئىزدەيدۇ. ئۇ سۆيگۈ- مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا يەنە مۇھەببەت ۋە نەپرەت ئارىسىدا قايتىدىن ھۆرلۈككە ئېرىشىدۇ.

]]>
?feed=rss2&p=12135 0
«ماندىلانىڭ تەرجىمھالى» ئۇيغۇر تىلىدا نەشردىن چىقماقچى ?p=12075 ?p=12075#respond Fri, 12 Dec 2014 10:51:25 +0000 ?p=12075  

«ماندىلانىڭ تەرجىمھالى» ناملىق كىتاب (ئىككى توم) نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى پات يېقىندا شىنجاڭ

خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ

تەرجىمە قىلغۇچىلار:

ھەزرىتى ئەلى بارات

قۇدرەت بارات

تارىخنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ئىزىغا ئەگىشىڭ؛

قالتىس ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەن ناھايىتى كەمتىرانە ھېسسىياتتا ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ ۋە ئىخلاس قىلىپ كەلدىم. ئۇنىڭ ئادىللىق ۋە باراۋەرلىككە ئېرىشىش يولىدا بەرگەن قۇربانلىقلىرى مېنى رىغبەتلەندۈردى. ئۆتكەنكى ئون يىلدا ناۋادا ئۇ بولمىغان بولسا، تارىخنىڭ قانداق بىر ھالدا بولدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەكمۇ قىيىنغا چۈشكەن بولاتتى.

                                                                        ــــــ ئامېرىكا پرېزدېنتى باراك ئوباما

پرېزدېنت ماندىلا نۇرغۇن ئىشلاردا بىزگە مۇھىم تەلىملەرنى بەردى: يامان ئىش ياخشى كىشى بىلەن دوقۇرۇشقىنىدا بىز يەنىلا ئەركىنلىكىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئىشقا سېلىپ ئادالەتسىزلىككە، رەھىمسىزلىككە ۋە زوراۋانلىققا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلىمىز؛ يۇقارقىلارنىڭ ئۆز روھىمىزغا، قەلبىمىزگە ۋە ئىرادىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى قارار قىلىمىز.

                                                             ــــــ ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزدېنتى بىل كېلىنتون

بۇ كىتابتا ماندىلانىڭ چاك- چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن، قالايمىقانچىلىق قاپلىغان، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئاسارىتىگە غەرق بولغان بىر دۆلەتنى يارىشىش ۋە تىنىچلىق يولىغا قانداق باشلىغانلىقى بايان قىلىنغان. سامپسوننىڭ بۇ مەشھۇر ئەسىرى ئۇلۇغ شەخس ماندىلا توغرىسىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك شاھانە ئەسەر بولۇپ قالغۇسى.

                                               ـــــ جون كارلىن «نيۇيور ۋاقىت گېزىتىنىڭ كىتابقا بەرگەن باھاسى»

«ماندىلانىڭ تەرجىمھالى» نى ئانتونى سامپسوندىنمۇ ياخشىراق يازالايدىغان ئادەم چىقمايدۇ. يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ تۇرۇپ يېزىلغان بۇ شاھانە ئەسەر ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ گۈلتاجىسى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ھالقىمىقى بەسى مۈشكۈل.

                                                             ــــــ جونىس «ئۆلچەم كەچلىك گېزىتى»

بۇ ـــ ئوخشاش تۈردىكى تەرجىمھال ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى . . . بۇ ماندىلا توغرىسىدىكى دەرسلىك خاراكتېرىگە ئىگە نادىر ئەسەر. بۇ ئەسەر ماندىلاغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇڭا ئۇ تەرجىمھاللار ئارىسىدىكى ئېنىسكلوپېدىيە دەپ ئاتىلىشقا مۇناسىپ. . . بۇنىڭدىن ئىلگىرى ماندىلانىڭ تەرجىمھالىنى يازغان ئاپتورلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سامپسون تېخىمۇ بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىزدىنىپ، باش تېما ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەپەككۇر يۈرگۈزگەن. تېخىمۇ كەڭ نەزەر بىلەن ماندىلانىڭ ھاياتىغا تەپسىلىي قاراپ چىققان. . . ئەسەردە ماندىلا بىلەن ۋېننىنىڭ ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە ئائىت ۋەقەلىكلەرنىڭ بايانى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىشى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەرجىمھاللاردا كۆرۈلمىگەن. ئۇنىڭ تەسۋىرلىرى تولىمۇ نەپىس، سەمىمىي ۋە ئىنچىكە.

                                                                             ـــــ يوھاننىسبۇرگ «يۇلتۇز گېزىتى»

بۇ ـــ كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان كىتاب . . . سامسوننىڭ سۆز- جۈملىلىرىدە ئورۋېلچە ئاددىيلىق ۋە روشەنلىك مەۋجۇد . . . سامپسون كۆپلىگەن شەخسىي خەت- چەكلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، بەزى مۇھىم تارىخىي شەخسلەرنى زىيارەت قىلغان، بۇ باشقا ئاپتورلار بىلەن سېلىشتۇرغۇسىز بىر ئەھۋال . . . سامپسون مۇشۇ ئاساستا چوڭقۇر، ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بارغان . . . بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغىنىڭىزدىن كېيىن، ئەگەر بىر كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىر ئادەمنى چۈشەنگىلى بولىدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا قېنى ۋە جېنى بار ماندىلانىڭ كىتابتا جانلىق گەۋدىلەنگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىسىز.

                                                           ـــــ جون خېگىن «ئىرېلاندىيە ۋاقىت گېزىتى»

بۇ ـــ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ شەخسلەردىن بىرى بولغان ماندىلانىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى نوپۇزلۇق، تەپسىلىي، قىممەتلىك بايانلارنىڭ خاتىرىسىدۇر . . .  مەن ھەر قانداق بىر تەجىمھال ئەسىرىنىڭ بۇ كىتابنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

                                         ـــــ جاستىن كاترېت «يەكشەنبىلىك تېلگېرامما خەۋەرلىرى گېزىتى»

بۇ كىتاب تولىمۇ رىتىملىق، تەپسىلاتلىرى ئېنىق يېزىلغان بولۇپ، كىتابتا كىشىنى بىزار قىلىدىغان تايىنى يوق مەزمۇنلار ئۇچرىمايدۇ؛ كىتابتا ئەمەلىي ئەھۋال توغرا ئىگىلەنگەن بولۇپ، بىزنى دائىم ھاياجانغا سالىدۇ. بۇ كىتابنى «ماندىلانىڭ تەرجىمھالى» دېگەن بۇ تېمىنى يورۇتۇپ بېرەلىگەن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

                                                               ـــــ رونالد سىگېر «كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى»

بۇ ـــ بىر چوڭقۇر تەتقىقات خاراكتېرلىك نادىر ئەسەر. كىتابنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كىتاب ئاپتورى ئانتونى سامپسون ئۆزى تەسۋىرلىمەكچى بولغان مەزمۇنلاردىن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ھالدا ئۆزىنى چەتكە ئالغان … ئاپتور جەنۇبىي ئافرىقا ئەركىنلىك ھەرىكىتىدىكى ماندىلانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە دۈشمەنلىرى بىلەن بىۋاستە پىكىرلەشكەن.

                                                 ــــــ ئانگوس كارد «شوتلاندىيە يەكشەنبىلىك گېزىتى»

سامپسوننىڭ تۇتقان يولى سىرلىق تاشقىي پەردىنى بۆسۈپ ئۆتۈش بولۇپ، ئۇ بۇ ئارقىلىق شەكلىي ھالدىكى ماندىلانى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي بىر ئىنساننى تەسۋىرلەپ بەرگەن . . . ئاپتور مۇشۇ نىشانغا يېتىش جەريانىدا چۈشىنىشلىك، كىشى قەلبىنى لەززىگە سالىدىغان بىر پارچە ئەسەرنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن . . . ماندىلانىڭ 27 يىللىق تۈرمە ھاياتى ناھايىتى موۋەپپەقىيەتلىك تەسۋىرلەنگەن . . . سامسون ئاللىقاچان ئەپسانىۋىيلىكتىن ھالقىپ كەتكەن بۇ بۈيۈك ئىنساننى بىزگە تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

                                                         ــــــ گىليان سلوف «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»

بۇ ـــ مەن ئوقۇغان ئەڭ ياخشى سىياسىي تەرجىمھال . . . سامسون پارچە- پارچە بۆلەكلەرنى شاھانە كىمخاپ قىلىپ چىقتى. بۇ ئەسەرگە ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار، دوستلار، دۈشمەنلەر، مەھبۇسلار، ھەتتا پرېزدېنتلارنىڭ ئۆزىگە خاس پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرى كىرگۈزۈلگەن. ماندىلانىڭ تۈرە ھاياتى ھەققىدە ئاپتور ئۆزىگە خاس چۈشەنچىگە ئىگە: ئاپتور: «مەيلى ئادەتتىكى كىشى ھېسابلانغان ماندىلاغا نىسبەتەن بولسۇن ياكى سىياسىئون ماندىلاغا نىسبەتەن بولسۇن، ئاشۇ يىللار ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك» دەپ قارايدۇ.

                                                                               ـــــ رىچارد دودىن «tablet»

ئىنچىكە پىكىر يۈزگۈزۈلگەن نادىر ئەسەر . . . جەنۇبىي ئافرىقا ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرى ۋە دېموكراتىك ھاكىمىيەتنىڭ دەسلەپكى بەش يىللىق تارىخىنى چۈشەنمەكچى بولغان ئوقۇرمەن بۇ كىتابنى ئوقۇسۇن . . . بۇ كىتاب كەلگۈسىدە ماندىلا ھەققىد يېزىلغان تەرجىمھاللار ئىچىدە ئەڭ نادىر، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەسەر بولۇپ قالىدۇ.

                                                          ـــــ شۇرا ماكس «تايمىس گېزىتى ئالىي مائارىپ قوشۇمچە سانى»

بۇ ـــ ناھايىتى تەپسىلىي يېزىلغان سىياسىي تارىخ، پىشقان بىر سىياسىئونغا ئوقۇلغان مەدھىيە، شۇنداقلا ماندىلانىڭ ئادەتتىكى ئادەملەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان يۈكسەك جاسارىتىنىڭ رېئال كارتىنىسى.

                                                                          ـــــ «كېكىس كىتاب باھاسى»

بۇ ـــ تولىمۇ قالتىس كىتاب . . . كىتابتىكى ۋەقەلىكلەر كىشىنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ . . . سامپسون ئەڭ نوپۇزلۇق تەرجىمھال يازغۇچىسى.

                                                            ـــــ بلەين روستران «كونا ئۇستىخان»

ئاپتورنىڭ تەرجىمھالى

ئانتونى سامپسون (1926-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2004- يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاپات بولغان) جەنۇبىي ئافرىقىلىق مۇخبىر، يازغۇچى ۋە ئالىم؛ جەنۇبىي ئافرىقا مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئىزچىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1951- يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ «دۇمباق» ناملىق ژۇرنىلى، ئەنگلىيە «كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. «دۇمباق» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، سوۋىتودا ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «مەنسىتمەسلىك ھەرىكىتى» گە تەييارلىق كۆرۈۋاتقان نېلسون ماندىلا بىلەن تونۇشقان.

1995-يىلى ئانتونى سامپسون ماندىلانىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ماندىلانىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئېتىراپ قىلىدىغان رەسمىي تەرجىمھالىنى يېزىپ چىققان. ماندىلا يەنە ئاپتورنى ئۆزىنىڭ يوھاننىسبۇرگدىكى تۇرالغۇسىغا بىللە ناشتا قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. ماندىلا ئاپتورغا: «بىز ئۇزۇن يىللىق دوستلاردىن، سىزگە ئىشىنىمەن» دېگەن ۋە ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئاپتور بىلەن مۇزاكىرىلەشكەن، شۇنداقلا ئاپتورغا مۇناسىۋەتلىك خەت- چەك ۋە ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ چىقىش ھوقۇقىنى بېرىپ، تەرجىمھالنىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلغان. بۇ كىتابنىڭ ئۆزى ھوقۇق بەرگەن بىردىنبىر رەسمىي تەرجىھال بولۇشىنى روياپقا چىقارغان.

ئانتونى سامپسون يەنە «دۇمباق: ئافرىقىدىكى تەۋەككۈلچىك خاتىرىسى»، «ئەنگلىيەنى ئوپېراتسىيە قىلىش» (بازارلىق كىتاب)، «يەتتە ئاچا- سىڭىل»، «قارا ۋە ئالتۇن»، شۇنداقلا «شىركەت قۇرغۇچى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ماندىلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پرېزدېنتى. ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۆلەت ئاتىسى دەپ ھۆرمەتلەنگەن. ئۇ مەھبۇسلۇقتىن ئەركىنلىك جەڭچىسىگە، ئازادلىقنى نىشان قىلغان جەڭچىدىن يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان شىجائەتلىك ئەربابقا، بىر پارتىيىنىڭ رەھبىرىدىن بىر دۆلەتنىڭ پرېزدېنتىغا ئايلانغان؛ دۆلەتنىڭ دېموكراتىيە مۇساپىسى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانغان. ماندىلا جەنۇبىي ئافرىقىدا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا ئادالەت ۋە ئىززەت- ھۆرمەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بۈيۈك نامايەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەۋرىمىزدىكى كىشىنى ئەڭ ئىلھاملاندۇرىدىغان مەشھۇر زاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

1995-يىلى ئاپتور ماندىلانىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ماندىلانىڭ ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق تەرجىمھالىنى يېزىشقا كىرىشكەن. ئاپتور بۇ تەرجىمھالنى يېزىش ئۈچۈم ماندىلانىڭ قەدەم ئىزى تەگكەنلىكى جاينىڭ ھەممىسىگە بارغان، ئۆز بايانلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ماندىلانىڭ رىۋايەتكە تولغان ھاياتىنىڭ مۇكەممەل كارتىنىسىنى نامايان قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئاپتور ماندىلا چوڭ بولغان ترانسكېيدىكى مۇقەددەس جاينى زىيارەت قىلغان، شۇنداقلا ماندىلانىڭ گۇنۇ كەنتىدىكى يېڭى تۇرالغۇسىغىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان. ئاپتور بۇ جەرياندا ماندىلانىڭ قەدىناس دوستلىرىنى، كونا خىزمەتداشلىرىنى زىيارەت قىلغان. شۇنداقلا ماندىلانىڭ ئىلگىرىكى رەقىبلىرى بىلەنمۇ پىكىرلەشكەن: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گۇندىپايلار، ئەمەلدارلار، يەنە كۆپلىگەن سىياسىئونلارمۇ بار ئىدى. ئاپتور يەنە سابىق پرېزدېنت بوتا، سابىق پرېزدېنت د. كلارك ۋە سابىق دېپلوماتىيە مىنىستىرى پىك بوتا قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلغان. ئاپتور تەلىيىگە ماندىلانى زىيارەت قىلغان ئاۋازلىق ماتېرىيالغا ئېرىشكەن، ماندىلانىڭ ئەزەلدىن ئىلان قىلىنىپ باقمىغان تۈرمە خاتىرىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن، شۇنداقلا ماندىلانىڭ قوليازمىلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى، خەت-چەكلىرىنى كۆرۈپ چىققان؛ تا ھازىرغىچە ئېلان قىلىنىپ باقمىغان دېپلوماتىيە ئاخباراتلىرىغا ئېرىشكەن. ئاپتور سىرتقى دۇنياغا ماندىلانىڭ رەڭدارلىققا تولغان ئاجايىپ- غارايىپ ھاياتىنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە، تارىخنى ئۆز ئەسلى بويىچە ئىپادىلەشكە، تارىخ كەينىگە يوشۇرۇنغان بۇ سىرلىق شەخسنىڭ قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ھاياتىنى نامايان قىلىپ بېرىشكە تىرىشقان.

پرېزدېنت ماندىلا بۇ كىتابنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن زور ياردەم بەرگەن: ماندىلا ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئاپتورنىڭ كۆپ قېتىملىق زىيارىتىنى زېرىكمەستىن قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا بۇ تەرجىمھالنىڭ تۇنجى ئورگىنالىنى تولۇق ئوقۇپ چىققان. كىتابتا بايان قىلىنغان بەزى تارىخىي ئەمەلىيەتلەرگە ۋە تەپسىلاتلارغا تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن باشقا، ئاپتورنىڭ شەخسىي باھالىرىغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن؛ شۇنداقلا پرېزدېنتنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان باھالىرى ئەسلى ئورگىنالغا باشقىچە تۈس قوشتى. شۇ قەدەر بۈيۈك تارىخىي شەخس بىلەن بۇ دەرىجىدە يېقىن ئارىلىقتىن ئالاقە قىلىش بۇ كىتابنى تەڭداشسىز چىنلىق ۋە ساقلاش قىممىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە كىتابنى ئابىدە خاراكتېرلىك بۈيۈك ئەسەرگە ئايلاندۇرغان.

كىرىش سۆز

مەن بۇ كىتابنى يېزىش شەرىپىگە ئېرىشكىنىمدىن چوڭقۇر ھاياجانلاندىم، شۇنداقلا زىممەمگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنىڭ ناھايىتى زورلۇقىنى ھېس قىلدىم. 1995- يىلى مەن پىرېزدېنت ماندىلاغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان ئاساستا ھۆكۈمەت تەرەپ ئېتىراپ قىلىدىغان نوپۇزلۇق بىر پارچە تەرجىمھالىنى يېزىپ چىقىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيتتىم. پىرېزدېنت ماندىلا خېتىمنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مېنى ئالايىتەن يوھاننىسبۇرگتىكى تۇرالغۇسىغا بىللە ناشتا قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق قەدىناس دوستلاردىن ئىكەنلىكىمىزنى، ئۆزىنىڭ ماڭا ئىشىنىدىغانلىقىنى ھەم بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە چاقچاق قىلىپ: «بىزنىڭ تۇنجى قېتىم يەر ئاستى قاۋاقخانىسىدا كۆرۈشكەنلىكىمىزنى تىلغا ئالمىسىڭىزلا بولدى» دېگەن گەپنى قوشۇپ قويدى. پىرېزدېنت يەنە 1962- يىلى سوراق قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندا مەن يازغان «ئەنگلىيەنى ئوپېراتسىيە قىلىش» ناملىق كىتابنى ئوقۇغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ھالقىلىق مەسىلىلەردە مەن بىلەن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا، تارىخىي پاكىتلارنىڭ ئىمكانقەدەر توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە قىلدى ھەمدە مېنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەت- چەك ۋە ھۆججەتلەرنى كۆرۈشۈمگە ئالاھىدە ھوقۇق بەردى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېنى ئۆز ئالدىمغا ھۆكۈم چىقىرىشقا، ئۆز باھالىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ: «بىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز ـــ خاتالىقلاردىن ئىبرەت ئېلىش» دېدى ھەمدە «مەن پەرىشتە ئەمەس» دېگەن گەپنى يېنىش- يېنىشلاپ تەكىتلىدى.

مەن 1951- يىلى يوھاننىسبۇرگتا ماندىلا بىلەن تونۇشۇش شەرىپىگە ئېرىشكەنىدىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلدا ماندىلا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان پەيتلەرگە، ئۇ تۈرمىگە قامالغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىشلارغا تەڭ شاھىد بولدۇم. ماندىلا بىلەن قەدىناسلاردىن بولۇپ قېلىشىمنى يەنىلا ئۆزۈمنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا كېلىپ، قارا تەنلىكلەرنىڭ «دۇمباق» ناملىق ژۇرنىلىغا باش مۇھەررىر بولغان ۋاقتىمدىن باشلىشىمغا توغرا كېلىدۇ. قارا تەنلىكلەرنىڭ «دۇمباق» ناملىق ژۇرنىلى يوھاننىسبۇرگتىكى سانسىزلىغان قارا تەنلىك تالانتلىق يازغۇچىلار، مۇزىكانتلار ۋە سىياسىيونلار ئۈچۈن ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىدىغان بىر دەرۋازىنى ئېچىپ بەرگەنىدى. 1948- يىلى ئىرقىي ئايرىمچى ھۆكۈمەت تەختكە چىققاندىن تارتىپ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى، «دۇمباق» ناملىق بۇ ژۇرنال بۇ ھەرىكەتلەرنى يېقىن ئارىلىقتىن تۇرۇپ كۆزىتىش، چۈشىنىش ۋە بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. 1952- يىلى مەن ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ «مەنسىتمەسلىك ھەرىكىتى» نى قانات يايدۇرۇش قارارىنى ماقۇللاش توغرىسىدىكى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، ماندىلانىڭ بىرىنچى شۆبە پىدائىيلار قۇشۇنىنى قۇرغانلىقىغا شاھىد بولدۇم؛ 1954- يىلى ماندىلانىڭ سوفىيەتاۋىننى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قوزغىغان ئاممىۋى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. سوفىياتاۋىن بىر نامراتلار گەمىسى بولۇپ، ئۇ يەردە ئوخشىمىغان ئىرقتىكى نامرات خەلقلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى. مەن ئۇ يەردە بىر قانچە كۆڭۈللۈك ئاخشاملارنى ئۆتكۈزگەنىدىم. 1957- يىلى دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتىگە سوت ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە ماندىلا بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىم تېخىمۇ كۆپەيدى، كېيىن مەن يەنە مۇشۇنى تېما قىلىپ بىر پارچە كىتاب يازدىم. 1960- يىلى «كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى سالاھىيىتىم بىلەن شارپىۋېل كرىزىسىنى خەۋەر قىلدىم ھەمدە چوڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن سوۋىتودا ماندىلانى زىيارەت قىلدىم. ماندىلانى تۈرمىگە تاشلىنىشتىن بۇرۇن، يەنى 1964- يىلى پرېتورىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن رىۋونىيە سوتىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆردۈم. مەن شۇ قېتىملىق سوتقا سىرتتىن قاتناشقانىدىم، شۇ چاغدا ماندىلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سۆزلەيدىغان نۇتۇققا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ماندىلانىڭ 27 يىللىق تۈرمە ھاياتىغا شاھىد بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن بىر مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇشۇ ئارىلىقتا جەنۇبىي ئافرىقىنى كۆپ قېتىم ساياھەت قىلىپ، ماندىلانىڭ لوندون ۋە باشقا جايلارغا سۈرگۈن قىلىنغان سەپداشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردۇم. 1980- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى توقۇنۇش ئۈزۈكسىز ئەۋجىگە چىقتى. مۇشۇ مەزگىلدە مەن ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ لوندوندا تۇرۇۋاتقان رەئىسى ئولىۋېر تامبو بىلەن كۆپرەك ئالاقىلەشتىم ھەمدە ئۇنى ئەنگلىيەنىڭ سودا ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇردۇم. مەن يەنە ۋىننى ماندىلا بىلەن تېلېفوندا دائىم ئالاقىلىشىپ تۇردۇم. قارا تەنلىكلەر سىياسىيسى ۋە سودا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «قارا ۋە ئالتۇن» ناملىق كىتابىمغا ماتېرىيال توپلاش ئۈچۈن 1985- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە داۋاملاشقان كرىزىس مەزگىلىدە، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى 1986- يىلى مېنىڭ چېگرىدىن كىرىشىمنى چەكلىگۈچە بولغان ئارىلىقتا يوھاننىسبۇرگقا قايتا- قايتا باردىم. كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى مېنىڭ چېگرىدىن كىرىشمنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، شۇنىڭ بىلەن 1990- يىلى 2- ئايدا ماندىلا قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن جەنۇبىي ئافرىقىغا يەنە باردىم ۋە ئۇنى سوۋىتودىكى ئۆيىگە ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم يوقلاپ بېرىپ تۇردۇم. شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىلدا ماندىلا بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈش شەرىپىگە نائىل بولدۇم. ئۇنىڭ بىلەن بەزىدە لوندوندا كۆرۈشتۈم. لوندوندىكى پۇل توپلاش زىياپەتلىرىدە ئۇ مەندىن ئۆزىنى زىياپەتكە كەلگەن مېھمانلار بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈندى. يەنە بەزىدە يوھاننىسبۇرگتا كۆرۈشتۈم. مەن يوھاننىبسۇرگقا دائىم باراتتىم، مەن دەل ئاشۇ يەردە 1994- يىلى 4- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ سايلامنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم.

خام ماتېرىيال تەييارلاش باسقۇچىدا ئايالىم سارىنىڭ ھەمراھلىقىدا نەچچە قېتىم جەنۇبىي ئافرىقىغا باردىم. بىزنىڭ قەدەم ئىزىمىز ماندىلا بارغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ يەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەھۋاللاردا ئۆزگىرىش بولدى، نۇرغۇن ئىشلار ئەسلى ھالىتىدەك بولماي قالغانىدى. لېكىن، ھەر قېتىم بىر جايغا بارغان چېغىمىزدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلاتتىم، شۇنداق تۇيغۇلارغا چۆمۈلەتتىم. بايان قىلىپ بەرگەنلىرىم بىلەن باغلىغان مۇناسىۋەتلىرىمنىڭ ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ كۆز ئالدىدا ماندىلانىڭ رىۋايەتكە تولغان ھاياتىنىڭ مۇكەممەل كارتىنىسىنى نامايان قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. مەن پرېزدېنت ماندىلانىڭ ئوخشىمىغان دەۋر ۋە سورۇندىكى سىماسىنى كۆردۈم: ماندىلانىڭ پرېتورىيە ۋە كېيىپتاۋىندىكى ئىشخانىسى ۋە تۇرالغۇسىدا، خوفتوندىكى ئۆيىدە، روببېن ئارىلىدا، كەچلىك زىياپەتلەردە، كېيىپتاۋىندا ئېچىلغان يىغىنلاردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش شىتابىدا ياكى لوندونغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن كەلگەن چېغىدا كۆرۈشتۈم. مەن يەنە ماندىلا كىچىك ۋاقتىدا ئۆسۈپ- چوڭ بولغان جايغا ـــ ترانسىكېيدىكى «مۇقەددەس جاي» غا، گۇنۇ كەنتىدىكى يېڭى تۇرالغۇلارغا باردىم. زىيارەت داۋامىدا ماندىلانىڭ نۇرغۇن قەدىناس دوستلىرىنى، خىزمەتداشلىرىنى زىيارەت قىلدىم؛ ئۇنىڭ بۇرۇنقى رەقىبلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم: ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۈرمە گۇندىپايلىرىمۇ، ئەمەلدارلارمۇ، سىياسىي داھىيلارمۇ بار ئىدى. مەن «قاقاسلىق» قا بېرىپ سابىق پىرېزدېنت بوتانى زىيارەت قىلدىم، كېيىپتاۋىندا سابىق پىرېزدېنت د. كلاركنى كۆردۈم، تىرانسىۋالغا بېرىپ سابىق دېپلوماتىيە مىنىستىرى پىك بوتانى يوقلىدىم.

1994- يىلى ماندىلانىڭ سانسىزلىغان ئوقۇرمەنلەرگە ئىلھام بېغىشلىغان تەرجىمھالى «ماندىلانىڭ ئەركىنلىك يولى» نەشر قىلىندى. بۇ كىتابتا ماندىلانىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي ھاياتى ھەققىدىكى خاتىرە ۋە بايانلىرى تەسۋىرلەنگەنىدى، بۇنى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور كىتاب دېيىشكە بولاتتى. بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا «ماندىلانىڭ ئەركىنلىك يولى» ناملىق كىتابنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى رىچارد ستېنگېل ئەپەندىمنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتىم. ماڭا ئۇنىڭ ئەينى چاغدا ماندىلا ئەپەندىم بىلەن قىلىشقان ئۈنئالغۇلۇق زىيارىتىنىڭ زور ياردىمى بولدى. مەن يەنە ماندىلانىڭ تېخى ئېلان قىلىنمىغان تۈرمە خاتىرىلىرىنى ئوقۇدۇم، قوليازمىلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى كۆردۈم. ماندىلانىڭ تەرجىمھالى ئۇ پىرېزدېنتلىققا سايلانغان دەسلەپكى مەزگىللىرىدە نەشر قىلىنغانىدى. ئەينى چاغدا بۇ كىتابنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى قىممىتى ناھايىتى زور ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماندىلا تولىمۇ كەمىتەر ئادەم ئىدى. شۇنداق بولغاچقا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا نۇرغۇن بوشلۇق ئاتا قىلغانىدى. بىزنىڭ كۆرمەكچى بولغىنىمىز «ئۇ كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە قانداق ئادەم ئىدى، ئۇ دوست ۋە دۈشمەنلىرى بىلەن قانداق ئۆتەتتى؟» دېگەندەك تېخىمۇ سىتىرىئولاشقان كارتىنا ئىدى. ئۇنى ئەينى چاغدىكى خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈش ئۈستىگە قويغان چېغىمىزدىلا ئاندىن ئۇ تېخىمۇ سىتىرىئولۇق، تېخىمۇ جانلىق يوسۇندا نامايان بولاتتى.

ماندىلا رىۋايەتكە تولغان ئەزىم ھاياتىدا ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئازاب- ئوقۇبەت ۋە جاپا- مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈردى. شۇڭا بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا مەن سىرىتقى دۇنيانىڭ كۆزى ئارقىلىق ئۇنىڭ رىۋايەتكە تولغان ھاياتىنى تېخىمۇ رەڭدار تەسۋىرلىمەكچى بولدۇم؛ ئەينى چاغدىكى جىمى تەپسىلاتلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇشقا ۋە قايتا نامايان قىلىشقا تىرىشتىم. بۇنىڭدىن باشقا مەن يەنە ماندىلانىڭ تۈرمىدىكى ئوبرازىنىڭ قانداق قىلىپ كۈنسېرى بۈيۈكلەشكەنلىكىنى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا دۇنياۋى تەسىر كۈچىنى قانداق شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئەينى چاغدا مەھبۇسلۇق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ماندىلانىڭ قانداق قىلىپ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى جانلىق بايان قىلدىم.

ماندىلانىڭ ئۇزۇن تۈرمە ھاياتى مېنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشىمدىكى بىر مۇھىم نۇقتا بولغاچقا، ناھايىتى كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلدىم، ئەزەلدىن سىرتقا ئاشكارىلىنىپ باقمىغان خەت- چەك ۋە ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ چىقتىم. ماندىلانىڭ تۈرمە ھاياتىدا نامايان قىلغىنى ئادەمنىڭ كۈچ- قۇدرىتى ۋە كىشىلىك خاراكتېرگە بولغان بىر زور سىناق ئىدى. بىر تەرجىمھال يازغۇچىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ كەچۈرمىش ناھايىتى زور قىممەتكە ئىگە: ئۇ بىزگە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مەيدان ئاشكارا ئويۇننى ئەمەس، بەلكى بىر شەخسىي تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ؛ ماندىلانىڭ دوست- يارانلىرى ۋە تۈرمە گۇندىپايلىرى بىلەن بولغان بۇرۇنقى مۇناسىۋىتى دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئافرىقىنىڭ سىياسىي قاتلىمىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەنىدى. ماندىلانىڭ تۈرمىدە ئۆتكەن ھاياتى ھەمىشە ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ ئۈزۈلمە قاتلىمى دەپ قارىلىدۇ. لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، ماندىلانىڭ تۈرمە ھاياتى ماندىلانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. دەل ئاشۇ تۈرمە ھاياتى ماندىلادا جاھىل، بوينى قاتتىق خاراكتېرنى پەيدا قىلغان؛ ئۇنىڭ ئۆز پىكرىدىن ئالدىراپ يانمايدىغان پائالىيەتچىلىك خاراكتېرىنى كۈنسېرى پىشىپ- يېتىلدۈرگەن. نەتىجىدە ئۇ تەدرىجىي ھالدا ئۆزى ھەققىدە قاتتىق ئويلىنىدىغان، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان دۇنياۋى سىياسىيون بولۇپ يېتىشىپ چىققان.

ماندىلانىڭ خەت- چەكلىرىنى ئوقۇش، تا ھازىرغىچە سىرتقا ئاشكارىلانمىغان دېپلوماتىيە ئاخباراتلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ماندىلانىڭ كەچۈرمىشلىرىنى دۇنياۋى ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىغا قويۇپ چۈشىنىشكە تىرىشتىم. كىتابتا مەن غەرب دۇنياسىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ 60- 70- يىللىرىدىكى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۆلەت ئىچىدە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان كىرىزسىكە بولغان خاتا چۈشەنچىسىنى، ئۇلارنىڭ بۇ كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى خاتا ئۇسۇللىرىنى ھەمدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ماندىلا ۋە ئۇنىڭ دوست- يارانلىرىغا بولغان خاتا تونۇشىنى بايان قىلدىم. كىتابتا يەنە ماندىلانىڭ دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىن بىر مەزگىل غايىپ بولغانلىقىنى، ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇنىڭ شان- شۆھرىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى بايان قىلدىم. تاشقىي دۇنيادىكىلەرنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا بولغان كۆز قارىشى تولىمۇ ئۆزگىرىشچان ۋە پەرقلىق ئىدى: دەسلەپتە كىشىلەر جەنۇبىي ئافرىقا پات ئارىدا قانلىق قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ دەپ قاراشتى؛ كېيىن بۇ يەر ماندىلانى مەركەز قىلغان ھالدا سۆھبەتلىشىش ۋە ياراشتۇرۇلۇشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. كىتابتا مەن مۇشۇلارنى تولۇقى بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلىدىم.

بۇ مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا پىرېزدېنت ماندىلا ماڭا غايەت زور ياردەم قىلدى: ئۇ ناھايىتى ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، مېنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىشىمغا ماسلىشىپ بېرىپلا قالماي، يەنە كىتابنىڭ دەسلەپكى ئورگىنالىنى تەپسىلىي كۆرۈپ بەردى. بەزى تارىخىي پاكىت ۋە تەپسىلاتلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن باشقا يەنە ماڭا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆز باھايىمنى بەرگەن جايلارغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدى. شۇنداقلا پرېزدېنتنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان باھالىرى ئەسلى ئورگىنالغا باشقىچە تۈس قوشتى. شۇنداق دېيىشكە بولاتتىكى، بۇنچە زور تەسىرگە ئىگە بىر تارىخىي شەخس بىلەن ھايات ۋاقتىدا يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ ئالاقە قىلىش كىشىگە ئۇنچە ئاسان نېسىپ بولمايتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە ماندىلانىڭ سىرداش دوستلىرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتىم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر 50- يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ مەن بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇشقانىدى. ئەخمەد كاترادا ماندىلانىڭ تۈرمىدىكى سەپدېشى بولۇپ، ماندىلا بىلەن تۈرمىدە 25 يىللىق جاپا- مۇشەققەتنى بىللە باشتىن كەچۈرگەنىدى. بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا كاترادا ماڭا باش مەسلىھەتچى بولدى، مېنى نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. مەن ئۇنىڭ ياردىمىدە ماندىلانىڭ ھىم يېپىلغان دەرۋازا كەينىدىكى شانلىق دۇنياسى ۋە سىرلىق تارىخىنى ئەھلى جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىپ بەردىم. بۇ كىتابنى تەييارلاش جەريانىدا سىسۇلۇمۇ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، مەن بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ ئىلھامىمنى قوزغىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا قاتنىشىشتىكى ئۆزگىچە چۈشەنچىلىرى ۋە ئەللىك نەچچە يىلدىن بۇيانقى چوڭقۇر ئويلىنىشلىرىنى كىرگۈزدى. ماك ماخاراج ئەسەرنىڭ دەسلەپكى ئورگىنالىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ، ئۆز ئۆيىدە ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىۋاتقان تۈرمىنىڭ ئىچى- تېشى ھەققىدىكى تارىختا يېزىپ قالدۇرۇلمىغان ۋەقەلەرنى ئاشكارىلىدى. پىرېزدېنت ۋە ئىچكى كابېنت باش ۋەزىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدېرى، پىروفېسسور جەكس گېرۋېلمۇ مېنى ئۆزى ياخشى چۈشىنىدىغان ماندىلا ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھۋالى بىلەن تەمىنلىدى. نادىن گوردىمېر مەن بىلەن ئەڭ ئۇزۇن باردى- كەلدى قىلغان، شۇنداقلا مەن ئەڭ قەدىرلەيدىغان ئاق تەنلىك دوستۇم ئىدى، يوھاننىسبۇرگتىكى ۋاقتىمدا ئۇنىڭ بىلەن دائىم بىللە يۈرەتتىم. ئۇ پىرېزدېنتنىڭ قەدىناس دوستى بولغاچقا، نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنىدى. نادىن گوردىمېرنىڭ مېنىڭ مۇشۇ تارىخلارغا بولغان ئۆزگىچە كۆزىتىشلىرىم ۋە ھېس- تۇيغۇلىرىمغا بولغان تۆھپىسىمۇ زور ئىدى. ئادېلەيد تامبو ئولىۋېر تامبونىڭ يەسىرەسى بولۇپ، مېنىڭ لوندون ۋە يوھاننىسبۇرگتىكى ۋاقتىمدىكى دوستۇم ئىدى. ئۇ تەمىنلىگەن ئەسلىمىلەر ۋە خەت- چەكلەر بىزنى ماندىلا ئەر- ئايال بىلەن تامبو ئەر- ئايال ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىمىزنى قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال ۋە ئاساسلار بىلەن تەمىنلىگەنىدى. جورجى بىزۇس ماندىلانىڭ تۇنجى ۋەكالەتلىك ئادۋوكاتى ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم رىۋونىيە سوتىدا كۆرۈشكەنىدىم. كېيىن مەن جەنۇبىي ئافرىقىغا ھەر قېتىم بارغىنىمدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەتتىم. شۇنداق دېيىشكە بولاتتىكى، بىزۇسنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۆتكەن ئىشلارغا بولغان جانلىق ئەسلىمىلىرى مەزكۇر كىتابنىڭ شۆھرىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرغانىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ماندىلانىڭ تەرجىمھالىنى يازغان ئىككى يازغۇچىمۇ پىرېزدېنتنىڭ ئۆمۈرلۈك دوستلىرى ئىدى. بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا ئۇلارمۇ ماڭا مەردانىلىك بىلەن ياردەم قىلدى، قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپلەرنى بەردى، مېنى قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. مەرى بېنسون لوندوندىكى ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كونا بىر ئەۋلاد تەشەببۇسچىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسى ۋە ماندىلا جەمەتىنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئۆزىگە خاس چۈشەنچىلىرى بار ئىدى. 50- يىللاردىن باشلاپ، ئالاھىدە ھالقىلىق پەيتلەردە ماندىلانىڭ يېنىدا فاتىمە مىل ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى. بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا فاتىمە مىلمۇ مېنى قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىر ۋە ھۆججەت- ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. قەدىناس دوستۇم جوئى مېنىل بۇرۇن ماندىلا ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەنىدى. ئۇ ھەتتا بۇ كىتابنى يېزىشىمنى قوللاش ئۈچۈن مېنى زور مىقداردىكى زىيارەت ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىدى.

نۇرغۇن يېڭى دوستلىرىممۇ ماڭا خالىسانە ياردەم قىلدى، مەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى گېل گېخارتقا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتمىمەن. گېخارت تولىمۇ بىلىملىك ئايال ئىدى. ئۇ باش مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەر سىياسىيسى توغرىسىدىكى «قارشىلىق كۆرسىتىشتىن جەڭ ئېلان قىلىشقىچە» ناملىق بەش توملۇق تارىخىي ئوقۇشلۇق تارىخ ئۆگەنمەكچى بولغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى ئىدى. گېخارت ماڭا نۇرغۇن قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى بېرىپلا قالماي، يەنە مېنى نۇرغۇن قىممەتلىك ماتېرىياللاردىن تەڭ بەھرىمان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ تېخى ئېلان قىلىنمىغان نۇرغۇن ھۆججەتلىرى ۋە زىيارەت خاتىرىلىرى بار ئىدى.

جەنۇبىي ئافرىقىدىكى نۇرغۇن كىتاب ۋە ئارخىپ باشقۇرغۇچىلارمۇ ماڭا ناھايىتى چوڭ ياردەم قىلدى: ئۇلار مېنى كىشىلەرگە تېخى ئاشكارىلانمىغان قىممەتلىك ئارخىپ ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. ماڭا ياردەم بەرگەن كۇتۇپخانا ۋە مەن پايدىلانغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە: يوھاننىسبۇرگتىكى بۇرانسېست كۇتۇپخانىسى، ۋىتۋاتېرسرەند ئۇنىۋېرسىتېتى كالۇن كۇتۇپخانىسى، يوھاننىسبۇرگ بېكىرخائۇس ۋە فورتخاير ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلىنىۋاتقان ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىگە ئائىت ئارخىپلار، گىراخامسىتون رودس ئۇنىۋېرسىتېتى كېررى كۇتۇپخانىسى، كېيپتاۋىن ئۇنىۋېرسىتېتى ھېنىرى ئوبىنخايىم كۇتۇپخانىسى، غەربىي كېيىپ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخىپخانىسى، يوھاننىسبۇرگدا چىقىدىغان «يۇلتۇز گېزىتى» ۋە «كېيىپ ۋاقىت گېزىتى» دە بېسىلغان قىممەتلىك خەۋەرلەر. بۇنىڭدىن باشقا، ئەزەلدىن ناھايىتى سىرلىق تۈس ئالغان ھۆكۈمەت ماتېرىيالخانىسىمۇ ماڭا ئالاھىدە ئېچىۋېتىلدى. ئامېرىكا ۋاشنگتون دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئارخىپخانىسىمۇ مېنىڭ ناھايىتى مۇھىم ماتېرىيال مەنبەيىم بولدى.

زېھنى ئۆتكۈر، پەم- پاراسەتلىك ياردەمچى تەتقىقاتچىم دوكتور جامۇس ساندىسنىڭ ياردىمىدە خىزمىتىم خېلى ئوبدانلا يەڭگىللىدى. لوندون، ۋاشنگتون، پرېتورىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ئارخىپخانىلاردىن كەلتۈرۈلگەن دۆۋە- دۆۋە ماتېرىياللارنى ساندىس بىر- بىرلەپ كۆرۈپ، جەۋھەرلىرىنى ئايرىپ چىقتى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا تەكشۈرۈشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولۇپ، يېڭى- يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بولۇپ تۇردى. ساندىسنىڭ بۇ كىتابقا قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور بولدى.

بۇ كىتاب نەشردىن چىقىشتىن بۇرۇن مەن خارپىر كوللىنىستىن كەلگەن بىر نەشرىيات گۇرۇھىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ھەمكارلىقىغا ئېرىشتىم. بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىش تەكلىپىنى سىتۇئارت پرۇفىت ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇنداق دېيىشكىمۇ بولاتتىكى، ئۇ بولمىغان بولسا بۇ كىتاب يورۇقلۇققا چىقمىغان بولاتتى. 1998- يىلى سىتۇئارت پرۇفىل خارپىر كوللىنىستىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۇ كىتاب يەنە نەشرىيات گۇرۇھىنىڭ رەئىسى ئەيدى بېلنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە بۇ كىتابقا ئەجىر سىڭدۈرگەن جاپاكەش مۇھەررىر رىچارد جونسون، روبېرت رېيىس، نەشرىيات گۇرۇھى تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى خەيلۇن ئېرىسقا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇلار بۇ كىتابقا ناھايىتى جىق ئەجىر سىڭدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئايالىم سارىغا رەھمەت ئېيتىمەن، مەن قەيەرگە زىيارەتكە بارسام ئايالىممۇ ماڭا ھەمراھ بولۇپ تەڭ باردى، شۇنىڭ بىلەن سەپىرىم ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئەسەرنىڭ باس تېمىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر يورۇتۇپ بېرەلىدىم.

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كىتابىمغا تەنقىدىي ۋە تۈزىتىش پىكىرلىرىنى بەردى، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن. بۇ كىتابىمدا بەزى مەسىلىلەر ۋە خاتالىقلار ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيەتنى كەمىنە ئاپتور تولۇق ئۈستۈمگە ئالىمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ قانداق پىكىر- تەكلىپلىرى بولسا ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئانتونى سامپسون

1999- يىل 12- ئاي، لوندون

 

]]>
?feed=rss2&p=12075 0
گارسىيا ماركۇز ۋاپات بولدى ?p=12041 ?p=12041#comments Fri, 18 Apr 2014 03:45:16 +0000 ?p=12041 1982- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات ساھىبى

گارسىيا ماركۇز ۋاپات بولدى

تەييارلىغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

 

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1982- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، كولومبىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى، مۇخبىر گابرىيېل گارسىيا ماركۇز 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى سەھەردە مېكسىكىدا 87 يېشىدا ۋاپات بولدى. گارسىيا ماركۇز 1927- يىلى كولومبىيەدە تۇغۇلغان، ھاياتىدا يەنە مۇخبىرلىقمۇ قىلغان. 1982- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «يۈز يىل غېرىبلىق» سېھرىي رىيالىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان تىپىك ئەسەر.

4- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى خەۋەرلەردە گارسىيە ماركۇزنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتكەن. مېكسىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گارسىيا ماركۇزنىڭ 1999- يىلى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئامېرىكىدا خىمىيەلىك داۋالانغاندىن كېيىن بەدىنىدىكى ئۆسمە كىچىكلىگەن. بۇ يىل 3- ئايدا گارسىيا ماركۇزنىڭ ئۆپكىسى ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىپ قېلىپ، مېكسىكىدا داۋالانغان. دوختۇر ئۇنى قايتا تەكشۈرگەندە بەدىنىدىكى راكنىڭ ئۆپكە، جىگەرلىرىگە كېڭەيگەنلىكىنى بايقىغان. 4- ئاينىڭ 8- كۈنى گارسىيا ماركۇز دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىدە داۋالانغان.

گارسىيا ماركۇزنىڭ «يۈز يىل غېرىبلىق» (غۇپۇر نۇرىدىن تەرجىمە قىلغان) ناملىق رومانى، «پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ»، «ئالدىنئالا پۇر كەتكەن قاتىللىق دېلوسى» (زۇلپىقار بارات ئۆزباش تەرجىمە قىلغان)، «ئېلوندىرا ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى» (ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمە قىلغان) قاتارلىق پوۋېستلىرى ۋە خېلى كۆپ ھېكايىلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.

ئۇنىڭ يەنە يەنە بىر مەشھۇر رومانى «خولېرا دەۋرىدىكى مۇھەببەت» ئەدەبىي تەرجىمە ژۇرنىلىدىكى گۈلجەننەت ئىسمايىل ھەدىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشرگە تاپشۇرۇلدى، رومان مۇشۇ يىل ئىچىدە نەشردىن چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.

ئۇنىڭ يەنە 2011- يىلى نەشردىن چىققان «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» ناملىق كىتابىنى قۇدرەت بارات تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تاپشۇردى. «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» ناملىق بۇ كىتابنىڭ تۇنجى نەشرىگە گارسىيا ماركۇزنىڭ 22 پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى ئۇنىڭ رېئال تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدىكى نۇتۇقلىرى: يەنى ئۇنىڭ 1944- يىلى 17 يېشىدا گىپاگىرا ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرىدىغان چېغىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن تارتىپ، 2007- يىلى 80 ياشقا تولغان چېغىدا ئىسپانىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىدە پادىشاھ ۋە خانىشنىڭ ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

گارسىيا ماركۇز «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ كىتابىدا: «مېنىڭ نەزەرىمدە نۇتۇق سۆزلەش ــ ئىنسانىيەتكە ۋەدە قىلىنغان ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش. مەن شۇنچە يۈكسەك شۆھرەت تۈۋرۈكىگە باغلىنىپ قېلىپ نېمىمۇ قىلارمەن؟» دەپ سوئال قويغان.

ئۇ كىتابىدىكى ئىككىنچى ماقالىسى ـــ «مەن يېزىقچىلىققا قانداق كىرىشىمەن» دە ئۆز نۇتۇقىنى ئاڭلاۋاتقان تاماشىبىنلارغا: «مەن يېزىقچىلىققا كىرىشكەندە سەھىنىگە چىقىشقا مەجبۇرلانغان چېغىمدىكىدەك تۇيغۇدا بولىمەن» دەپ يازغان. ئۇ 1970- يىلى «يۈز يىل غېرىبلىق» ناملىق رومانى بىلەن مەشھۇر يازغۇچىغا ئايلانغان. يەنە مۇشۇ ئەسىرى بىلەن 1972- يىللىق رومۇلو گاللېگوس (Rómulo Gallegos)خەلقئارا رومان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ: «مەن بۇرۇن ئۆزۈمگە بىرى، ھەرقانداق مۇكاپاتنى رەت قىلىمەن؛ يەنە بىرى، مەڭگۈ نۇتۇق سۆزلىمەيمەن دەپ ۋەدە بەرگەن» دېگەنىدى. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ ۋەدىسى 10 يىلدىن كېيىن ئۆزگەرگەن. ئۇ نوبېل ئەدەبىياتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا چوقۇم نۇتۇق سۆزلىمىسە بولمايتتى. نەتىجىدە «لاتىن ئامېرىكىسى جەمئىيىتى» دە سۆزلىگەن نۇتۇقى ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىگە ئايلانغان. نۇتۇق سۆزلەش ــ كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

ئۇنىڭ بۇ كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن ئېلان قىلىنمىغان. گارسىيا ماركۇز چېچىلىپ ياتقان ياكى ئاللىبۇرۇن ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بۇ ماقالىلىرىنى ئوقۇغاندا: « بۇ نۇتۇقلىرىمنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقىدەك شۆھرەتلىك يازغۇچىغا ئايلانغانلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم» دېگەن.

بلوگىمىزدا گارسىيا ماركوزنىڭ «پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ» (زۇلپىقار بارات ئۆزباش تەرجىمە قىلغان)، «ئېلوندىرا ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى» (ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمە قىلغان) ناملىق ئىككى پارچە پوۋېستى ئېلان قىلىنغان.

بۇ پوۋېستلارنىڭ ئادرېسى:

پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ

?p=12002

ئېلوندىرا ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى

?p=10216

]]> ?feed=rss2&p=12041 1 2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ئەلىس مۇنرو ?p=11842 ?p=11842#comments Thu, 10 Oct 2013 16:06:23 +0000 ?p=11842 ئالىس مانرو 2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات

مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

 ئارغۇ تەرجىمىسى

شىۋېتسىيە شۇ يەر  ۋاقتى 10- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت بىر (بېيجىڭ ۋاقتى 10- ئۆكتەبىر سائەت 19) دا شىۋېتسىيە ئەدبىيات ئاكادىمىيەسى كانادالىق ئالىس مانرو (Alice Munro) نىڭ 2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنگلىيە دو تىكىش شىركىتىنىڭ دو نىسبىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان ياپونىيەلىك يازغۇچى مۇراكامى خارۇكى     مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدى.

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئېلان قىلىش زالىنىڭ ئىشىكىدە ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن مۇخبىرلار ۋە مېھمانلار يىغىلىۋالغانىدى. زال ئىشىكىنىڭ ئاستا ئېچىلىشى بىلەن مەيدان تەۋرىنىپ كەتتى. شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادىمىيەسىنىڭ دائىمى كاتىپى پېتېر ئېنگىلاند (Peter Englund) كۈلۈمسىرىگىنىچە زالدىن چىقىپ كەلدى.

ئېنگىلاند نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ مانروغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغاندا مەيداندا گۈلدىراس ئالقش سادالىرى ياڭرىدى.  نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالىغۇچىلار ھەيئىتى ئالىس مانرونى «ھازىرقى زامان ھېكايە ئۇستىسى (Master of contemporary short stories) دەپ تەرىپلىدى. ئېنگىلاند سەھنىدىن چۈشۈپ پەستىكى مېھمانلار ۋە مۇخبىرلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

نۇرغۇن كىشى مانرونى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدا ياشاپ كېلىۋاتقان فولكنېر ۋە ئوكوننېر بىلەن  سېلىشتۇرىدۇ، ئامېرىكىلىق يەھۇدىي يازغۇچىسى نسىيە ئوزىك بولسا مانرونى «زامانىمىزدىكى چېخوف» دەپ ئاتىدى. ياۋروپا- ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى بولسا مانروغا «زامانىمىزدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھېكايىچى» دېگەن نامنى ئاتا قىلدى.

مانرومۇ بۇ شەرەپنامغا مۇناسىپ بولۇپ، 40 نەچچە يىللىق ئەدەبىي ھاياتىدا باشتىن- ئاخىر ھېكايە يېزىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ماھارىتىنى تاۋلىغان ھەمدە كۆپ قېتىم چوڭ مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان، بۇ مۇكاپاتلار ئىچىدە ئۈچ قېتىم كانادا باش ۋالىيسى ئەدەبىيات مۇكاپاتى، ئىككى قېتىم گىللېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئەنگلىيە ئىتتىپاقداش يازغۇچىلار مۇكاپاتى، خەلقئارا بۇك (كىتاب) مۇكاپاتى، ئو ھېنرى مۇكاپاتى، قەلەمكەشلەر مارامۇلدېر مۇكاپاتى ۋە ئامېرىكا مەملىكەتلىك كىتاب باھالىغۇچى مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.

مانرو 1931- يىلى ئونتارىئو شىتاتىنىڭ ۋېنگېم بازىرىدا تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك چېغىدىن باشلاپ ھېكايە يېزىشقا باشلىغان ھەمدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان، دەرستىن سىرتقى چاغلىرىدا كۈتكۈچى، تاماكا يوپۇرمىقى ئۈزگۈچى ۋە كۇتۇپخانا خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. 20 يېشىدا ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ جامېس مانروغا ياتلىق بولغان، شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىن چېكىنگەن. كېيىن تۆت قىز تۇغقان، ئەممائىككىنچى قىزى تۇغۇلۇپ بىر كۈن بولمايلا قازا قىلغان.

مانرو پۈتۈن ھاياتىدا 11 پارچە ھېكايىلەر توپلىمى ۋە بىر پارچە ھېكايىلەر توپلىمىغا ئوخشاپ كېتىدىغان رومان يازغان. 1968- يىلى 37 يېشىدا بىرىنچى ھېكايىلەر توپلىمى «شادىمان كۆلەڭگە ئۇسسۇلى» (DanceoftheHappyShades)نى ئېلان قىلىپ بىراقلا داڭق چىقارغان، ھەمدە مۇشۇنىڭ بىلەن كانادا كاتتا باش ۋالىيسى مۇكاپاتىغا نائىل بولغان. بۇ چاغدا ئۇ ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى ئىدى.

1972- يىلى مانرو ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىدۇ. تۆت يىلدىن كېيىن ئۇ گېرالد فىرېيلىنگە ياتلىق بولىدۇ، فرېيلىن مانرونىڭ تۇنجى خېتىدە يازغان تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئېرىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىۋېرىشىگە ماقۇل بولىدۇ. مانرو 50 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆز ئالدىغا ھايات كەچۈرۈشنى باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئىجادچانلىقى نامايەن قىلىدۇ. شۇغىنىسى، ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ 30 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىلا يازىدۇ. 1978- يىلى ئۇنىڭ يەنە بىر ھېكايىلەر توپلىمى «ئۆزۈڭنى كىم چاغلاپ قالدىڭ؟» (WhoDoYouThinkYouAre?) ئۇنى يەنە بىر قېتىم باش ۋالىي مۇكاپاتىغا نائىل قىلىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-، 90- يىللىرىدا ئۇ ھەر تۆت يىلدا بىردىن توپلام ئېلان قىلىپ، دۇنياۋى شۆھرەت قازىنىشقا باشلايدۇ.

ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدا شەھەر ئەتراپىدىكى كىچىك بازارلاردىكى پۇقرالارنىڭ مۇھەببەت، ئائىلە تۇرمۇشى بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قەلەم ئۇسلۇبى ئاددى- ساددا بولۇپ، تۇرمۇشتىكى ئاددىي رېئاللىق ئىنچىكىلىك بىلەن سۈرەتلەپ بېرىلىپ، كىشىلەرگە سەمىمىي، چوڭقۇر ھېسسىيات بېغىشلايدۇ، ئاددىي بايانلار ئارقىلىق مول ھېس- تۇيغۇ ئاتا قىلىش دەل ئەدەبىياتنىڭ ماھىيەتلىك قۇدرىتىنى نامايەن قىلىشتۇر.

مانرونىڭ يازغىنىنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللارنىڭ ھېكايىسى بولۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيىتىدە ئائىلە تۇرمۇشىغا  ئەمدىلا قەدەم قويغان قىزنىڭ مۇھەببەت، جىنسىيەت، ئاسىيلىق، پەرزەنت قاتارلىق جەھەتلەردىكى دەرد- ئەلىمى تەسۋىرلىنىدۇ؛ كېيىنكى مەزگىلدىكى ھېكايىلىرىدە بولسا ئوتتۇرا ياشتىكى كرىزىس ۋە ئاددىي تۇرمۇش تاجان تالىشىۋاتقان، ئەمما ئارزۇ- ئىستەك ۋە پىغانلىرى، كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىق تەرەپلىرىمۇ بولغان ئاياللار ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. مانرونىڭ ھېكايىلىرىدە ۋەقەلىككە بەك ئېتىبار قىلمايدۇ، كۆپىنچە ماكان- ۋاقىت ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، خاتىرە بىلەن رېئال تۇرمۇشنى بۇزۇۋېتىپ قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىدۇ، بۇ مانرونىڭ دۇنيانى كۆزىتىشتە باشقىچە نۇقتىدىن كۆزىتىش، ئەدەبىيات كىشىلەرنىڭ دۇنيانى قايتىدىن تونۇشىغا ياردەم بېرىدۇ دېگىنىنى نامايەن قىلىدۇ. ئىلگىرى ئۇ بىر پارچە نەسىرىدە ھېكايە ئوقۇشنىڭ ئۇسۇلى توغرىسدا مۇنداق يازىدۇ: «ھېكايە يولغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئۆيگە بەكرەك ئوخشايدۇ. ئۆيگە كىرىپ بىردەم تۇرىسىز، ئۇياق- بۇياققا مېڭىپ باقىسىز، ئۆي بىلەن كارىدورنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆزىتىسز، ئاندىن دېرىزىدىن تالاغا قاراپ، سىرتقى دۇنيادا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.»

مانرونىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى

1968-يىل: «شادىمان كۆلەڭگە ئۇسسۇلى» باش ۋالىي ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1973-يىل: «ياش ۋاقتىمدىكى دوستلىرىم»

1973-يىل: «قىزلار ۋە ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى»

1978-يىل: «ئۆزۈڭنى كىم چاغلاپ قالدىڭ؟» ئىككىنچى قېتىملىق باش ۋالىي ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1986-يىل: «سۆيگۈ قەدىمى» ئۈچىنچى قېتىم باش ۋالىي ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1994-يىل: «ئاشكارا مەخپىيەتلىك»

1996-يىل: «ئاقكۆڭۈل قىزنىڭ مۇھەببىتى»

2001- يىل: «نەپرەت، دوستلۇق، مۇھەببەت ئىزھارى، مۇھەببەتلىشىش، نىكاھ»

2004-يىل: «قېچىش» گېللېر ئەدەبىيات مۇكاپاتىغائېرىشكەن.

2006-يىلى «تاش شەھەردىن يىراققا نەزەر»

مەنبە: يازغۇچىلار تورى

http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=11862

]]>
?feed=rss2&p=11842 6
2013- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى كىمگە مەنسۇپ؟ ?p=11803 ?p=11803#comments Sun, 29 Sep 2013 21:05:56 +0000 ?p=11803 2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىش

شەرىپى كىمگە مەنسۇپ

 

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

 

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنىدىغىنىغا يەنە بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت قالدى، ئەنگلىيە دو تىكىش شىركىتىLadbrokes  2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تىكىلگەن دوغا مۇكاپات قايتىش نىسبىتىنى ئېلان قىلدى؛ ياپونىيە يازغۇچىسى مۇراكامى خارۇكىغا ئۈچ ھەسسە دو تىكىلىپ، بۇ يىللىق ئەڭ چوڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. مۇراكامى خارۇكى بۇلتۇرمۇ Ladbrokes شىركىتىنىڭ دو تىكىش تاختىسىدا بىرىنچى ئورۇندا، ئېلىمىز يازغۇچىسى مويەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان ئىدى.

ئەنگلىيە دو تىكىش شىركىتى Ladbrokes 1985- يىلى بۇ ساھەگە قەدەم باسقاندىن بۇيان جەمئىي ئۈچ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى توغرا پەرەز قىلغان. 2011- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نەتىجىسى ئېلان قىلىنىش ھارپىسىدا شىۋېتسىيەدىكى مەلۇم بىر دو تىكىش تور بېتى تۇيۇقسىز شىۋېتسىيە شائىرى توماس تىرانىسترومېرغا تىكىلگەن 13 ھەسسە دونى 2 ھەسسىگە چۈشۈرگەن، نەتىجىدە راستىنلا تىرانىستىرومېر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بۇ ئىشنى شىۋېتسىيە تەپتىش ئەمەلدارى مەخپىي تەكشۈرگەن، لېكىن دەلىل- ئىسپات تاپالىمغاچقا دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دو تىكىش شىركەتلىرىنىڭ مۇكاپات ساھىبلىرىنى توغرا پەرەز قىلىشى كىشىنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغان. شۇ ۋەجىدىن، بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا تىكىلگەن دوغا مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتىگە ئائىت خەۋەرلەر چىقىشى بىلەنلا كىشىلەر كۆپلەپ دو تىكىشنى باشلىۋەتكەن.

ھەر يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن يازغۇچىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى، ئىرقى، تىلى، جىنسى، سىياسىي مايىللىقى، ئىجادىيەت تېمىسى، ھەتتا يېشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارغا باغلىق بولۇپ كەلگەن. مۇكاپات تارقىتىلىدىغان كۈننىڭ يېقىنلىشىشغا ئەگىشىپ، دو تىكىش شىركەتلىرىنىڭ مۇكاپات قايتۇرۇش تاختىسىدىمۇ توختىماي ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ، مۇكاپاتنىڭ قايسى كۈنى تارقىتىلىدىغىنىمۇ مۇكاپات تارقىتىش ھارپىسىدىلا ئاندىن بېكىتىلىدۇ. 2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تاجىنىڭ زادى قايسى يازغۇچىنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلىدىغانلىقى يەنىلا شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خەۋىرىگە قاراشلىق بولۇپ قالدى.

ئاسىيالىق يازغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش

نىسبىتى بەكلا تۆۋەن

ئىگىلىنىشىچە، دو تىكىش شىركىتى Ladbrokes تەمىنلىگەن 2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تىزىملىكىدە ئەڭ ئالدىغا تىزىلغان يازغۇچىغا تىكىلگەن دوغا قايتۇرۇلىدىغان مۇكاپات سوممىسى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن، بۇ ـــ دو تىكىش شىركەتلىرىنىڭ مەزكۇر يازغۇچىنى مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى دەپ قارايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. نۆۋەتتە مەزكۇر تىزىملىكتىكى يازغۇچىلارنىڭ رەت تەرتىپى مۇنداق بولغان: خارۇكى مۇراكامى (Hauki Murakami 村上春树) (ياپۇنىيە)، جويېس كارول ئوتېس (Joyce Carol Oates 乔伊斯·卡洛尔·欧茨) (ئامېرىكا)، پېتېر ناداس  (Peter Nadas 彼得·纳达斯) (ۋىنگىرىيە)، كو ئۇن (Ko Un 高银) (كورىيە)، ئەلىس مۇنرو (Alice Munro 爱丽丝·门罗) (كانادا)، ئەدۇنىس (Adonis 阿多尼斯) (سۈرىيە،لىۋان)، ئاسسىيا جېبار (Assia Djebar 阿西娅·杰巴尔) (ئالجىرىيە)، فىلىپ روس (Philip Roth 菲利普·罗斯) (ئامېرىكا)، ئاموس ئوز (Amos Oz 阿摩司·奥兹) (ئىسرائىلىيە)، توماس پىنچون (Thomas Pynchon 托马斯·品钦) (ئامېرىكا)، مىلان كۇندىرا (Milan Kundera 米兰·昆德拉) (چېخ، فىرانىسيە).

ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر تىزىملىكتە جۇڭگولۇق شائىر بېيداۋمۇ بار ئىكەن، لېكىن تىزىملىكتىكى رەت تەرتىپى كەينىدە ئىكەن، مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتىمۇ 1 گە 100 ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش دو تىكىلگەن تىزىملىكتە يەنە فىرانسىيە تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق يازغۇچى، رېژىسور دەي ئېنجيېمۇ بار ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «بالزاك ۋە كىچىك تىككۈچى» ناملىق فىلىمغا رېژىسورلۇق قىلغان ئىكەن.

بۇرۇنقى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئوخشاش بىر دۆلەتتىن ئۇدا ئىككى يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى نۆل ئىكەن. شۇ ۋەجىدىن بېيداۋنىڭ بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنىڭ ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك. بېيداۋ 1996- يىلىدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تىزىملىكىگە كىرگەن.

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى «ئەدەبىيات جۇغراپىيەسى» قاتارلىق كۆپ خىل ئوبيېكتىپ ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئاسىيالىق يازغۇچىلارنىڭ ئۇدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنىڭ ئېھتىماللىق يۇقىرى ئەمەس ئىكەن. مۇراكامى خارۇكى ئۇدا نەچچە يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ پەرەز قىلىش تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولالمىغان. ئۇ بۇ يىلمۇ تىزىملىكتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرقى پەيت يېتىپ كەلمىگۈچە ھېچكىم قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا كېسىپ بىر نېمە دېيەلمەيدۇ.

ئامېرىكا يازغۇچىلىرى ئەڭ قىزىق

نۇقتىغا ئايلاندى

2013- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا دو تىكىش تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئون يازغۇچىنىڭ ئىچىدە جويېس كارول ئوتېس، فىلىپ روس، توماس پىنچون قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئامېرىكىلىق يازغۇچى بار. ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى «ئامېرىكا يىلى» غا قەدەم قويۇشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى 1993- يىلى ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك ئايال يازغۇچى تونى موررىسون («جان جوزام» ناملىق رومانى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇ رومان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولدى، رومان ھازىر تەھرىرلىنىش باسقۇچىدا) نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن بۇيان ئامېرىكا يازغۇچىلىرى يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن. ئىچكى قىسىمدىكى زاتلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ھەر يىللىق قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئىنگلىز تىلىدا ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن، ئايال يازغۇچىلار تەخمىنەن 3- 4 يىلدا بىر قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ يىل ئىنگلىز تىلىدا ئەسەر يازىدىغان ئايال يازغۇچىلار مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەپقاچتى گەپلەردە دېيىلىشىچە، جويېس كارول ئوتېسنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ شىۋېتسىيەدە كەڭ تونۇشتۇرۇلغان، بۇ يازغۇچىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى تونۇلۇش دەرىجىسى يۇقىرى ئىكەن، بۇمۇ بەلكىم بۇ ئايال يازغۇچىنىڭ قىزىق نۇقتىلىق نامزاتقا ئايلىنىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن، دو تىكىش شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەلۇم بىر يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان- قىلىنمىغانلىقى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس ئىكەن. يازغۇچىنى بەلگىلىك تەسىرگە ئېرىشتۈرىدىغىنى يەنىلا شۇ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قانچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىشى ئىكەن، ئۇلار ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە «The Times»، «The Daily Telegraph» قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئوبزورچى جى ئەن مۇنداق بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى «ئەدەبىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى جەزىملەشتۈرۈش» بولۇپ، بەزى شۆھرەتلىك يازغۇچىلارنىڭ يېڭىدىن يازغان ئەسەرلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇرۇنقى ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتتىكى مەرتىۋىسى ئۈچۈن پۇختا ئاساس تىكلىۋالغان بولىدىكەن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى دەل ئۇنىڭ بۇ مەرتىۋىسىنى جەزىملەشتۈرىدىكەن. بۇ يىل ئەگەر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئامېرىكىلىق يازغۇچىلارغا نېسىپ بولسا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ نەپەر ئامېرىكىلىق يازغۇچىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى 1930- يىللاردا تۇغۇلغان بولۇپ، مەلۇم بىر ئەدەبىي ئېقىمدا ئۆزگىچە ئورۇن تۇتقان ھەمدە كۆپ قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن قىزىق نۇقتىلىق يازغۇچىلار ئىكەن.

1. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: خارۇكى مۇراكامى

ئەسەرلىرىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان خاسلىق ئەكىس ئەتكەن

ــــ مۇراكامى خارۇكى ئەسەرلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى

لىن شاۋخۇانى مەخسۇس زىيارەت

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: ئەگەر مۇراكامى خارۇكى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالسا، سىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى تەڭداشسىزلىقىنى قەيەردە دەپ قارايسىز؟

لىن شاۋخۇا: ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى «تەڭداشسىزلىق» قا كېسىپ بىر نېمە دېيەلمەيمەن. لېكىن مۇراكامى خارۇكى مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسا، سەۋەبى دەل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئىستېتىكىلىق ئۆلچىمى بولغان «ئىدىيالىزملىق خاھىش» نىڭ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكىدىن بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇ «يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك جەمئىيەت» تىن ئىبارەت ئالاھىدە باسقۇچتىكى ئىجتىمائىي قىياپەت ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تەنقىدىي يوسۇندا تەسۋىرلىگەن؛ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىممەتكە يۈرۈش قىلىش داۋامىدىكى ئۆزلۈكتىن ھالقىغان روھىنى قازغان؛ ياپونىيەنىڭ «دۆلەت زوراۋانلىقى» ۋە زوراۋانلىقنىڭ مەنبەسىدە ئاشكارىلانغان مۇرەسسەسىز ئۇرۇش قىلىش ھالىتى ۋە ئىجتىمائىي پەن زىيالىيلىرىنىڭ بۇرچ ئېڭىنى ئىنچىكە كۆزەتكەن؛ زامانىۋى شەھەر كىشىلىرىدىكى ئۈمىدسىزلىك، ياتلىشىش، تەنھالىق تۇيغۇلىرىنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى شېئىرىي ئىپادىلىرىنى ئېچىپ بەرگەن، تىل ئۇسلۇبى جەھەتتە يېڭىلىق ياراتقان.

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: بەزىلەر: «مۇراكامى خارۇكىنىڭ ئەسەرلىرى زىيادە ئاممىباب، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەيئىتىنىڭ ئىشتىھاسىغا ماس كەلمەيدۇ» دەپ قارايدىكەن. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

لىن شاۋخۇا: مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇنچە ئاممىباب دەپ قارىمايمەن، ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاددىي مەنىدىكى ئاممىباب ئەسەر قاتارىغا ئەمەس، بەلكى يۈكسەك ئىدراك ۋە ئىستېتىكىلىق گۈزەللىك ئەكىس ئەتكەن كەسكىن ئەدەبىيات ياكى «ساپ ئەدەبىيات» دائىرىسىگە كىرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يۈزەكى نۇقتىدىن قارىغاندا ئاممىبابتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، مەزمۇنى قىلچە ئاممىباب ئەمەس، چاكىنا دېگىلى تېخىمۇ بولمايدۇ.

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: مۇراكامى خارۇكىنىڭ ياپۇنىيەدىكى قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى قانداق؟ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاۋام ئەدەبىياتىغا تەۋە دېيىشكە بولامدۇ؟

لىن شاۋخۇا: مۇراكامى خارۇكى ياپونىيەدە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر يازغۇچىلارنىڭ بىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئايال ئوقۇرمەنلىرى ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نەچچە مىليون، ھەتتا نەچچە ئون مىليون پارچە سېتىلىشى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: مۇراكامى خارۇكىنىڭ جۇڭگودىكى ئوقۇرمەنلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى نېمىشقا شۇنچە كۆپ؟

لىن شاۋخۇا: تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى ياش ئوقۇرمەنلەر مۇراكامى خارۇكىنىڭ ئەسەرلىرىدىن دۇنيانى قانداق كۆزىتىش، قانداق كونترول قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەن. يالغۇز بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، ئۇ جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرىنى يەنە مۇنداق نەرسىلەر بىلەنمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلغان. ئالايلۇق، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە زامانىۋى شەھەر كىشىلىرىدىكى مەنىسىزلىك، ياتلىشىش، تەنھالىق، تەقدىر- قىسمەتلىرىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى، شۇنداقلا غۇرۇر، قەدىر- قىممەت، ئەخلاق- پەزىلەت، ھەسرەت، سۆيگۈ- مۇھەببەت قاتارلىق دەۋر، مىللەت، دۆلەت ھالقىغان «ئىنسانىي خاراكتېر» چوڭقۇر قېزىلغان. لېكىن، مۇراكامى خارۇكىنىڭ ئەسەرلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە سەلبىي تەرەپلەرمۇ يوق ئەمەس. ئالايلۇق، ئىدراك، مەنە، قىممەت، تۈزۈلمە، تەرتىپلەرنى ئوپېراتسىيە قىلىشتا جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ بۇرۇلۇش مەزگىلىدە مۇھتاج بولىدىغان زامانىۋى يادرولۇق قىممەت قارىشى كۆرسىتىپ بېرىلمىگەن. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئۇ «‹ئېگىز تام› بولمىسا قانداق قىلىمىز؟» دېگەن رېئال مەسىلىگە جاۋاب بەرمىگەن.

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: غەرب ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر مۇراكامى خارۇكىنىڭ ئەسەرلىرىگە قانداق باھا بېرىدۇ؟

لىن شاۋخۇا: مۇراكامى خارۇكىنىڭ ئەسەرلىرى 30 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان، 36 دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان. مۇراكامى خارۇكى بىلەن ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكەن چېغىمدا مەن ئۇنىڭدىن شەرق- غەرب ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئالغان تەسىراتىدا قانداق پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى سورىدىم. ئۇ پەرقنىڭ ناھايىتى زورلۇقىنى، ياۋروپا- ئامېرىكا ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى بىلەن كېيىنكى مودېرنىزملىق ئامىللارغا دىققىتىنى بەكرەك ئاغدۇرىدىغانلىقىنى، ئاسىيا ئوقۇرمەنلىرى بولسا ئەسەرلىرىنىڭ ئاددىيلىقىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، ئەسەرلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ بەكمۇ تەبىئىي بولغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنى قوشۇمچە قىلىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ: ياۋروپا- ئامېرىكىدا ئۇنىڭ «نورۋىگىيە ئورمانلىقى» (بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولدى، ئۇيغۇرچە نەشرى پات ئارىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ) بولماستىن، «خەتەرلىك قوي ئىزدەش سەرگۈزەشتىسى»، «دېڭىز بويىدىكى كافكا»، «يەر ئاستى» قاتارلىق ئەسەرلىرى كەڭ تارقالغان.

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: مۇراكامى خارۇكى بىلەن كۆرۈشكەن چېغىڭىزدىكى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟ 2003- ۋە 2008- يىللىرى ئىككىڭلار ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپتىكەنسىلەر، سىلەر كۆرۈشكەندە قايسى تېمىدا پاراڭلاشقان؟

لىن شاۋخۇا: 2003- يىلى كۆرۈشكەندە ئاساسلىقى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەنھالىق، جۇڭگو ۋە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى قاتارلىق تۆت تېمىدا پاراڭلاشقان. مۇراكامى خارۇكى شۇچاغدا: «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ سىياسىي تۈسى بەك قويۇق، مەن ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن» دېگەن ئىدى.

ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكەندە سۆھبىتىمىز ئاساسلىقى «شەرقىي ئاسىيا ۋە مۇراكامى خارۇكى» ھەققىدە بولدى. مەن ئۇنىڭ شەرقىي ئاسىيانىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، زوراۋانلىققا قويغان سوئاللىرىنى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ روھى دەپ قارايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ بەزىلەرنىڭ بۇنداق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ تارىخىي تونۇش مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، لېكىن ياپونىيە ياشلىرىنىڭ تارىخقا قىزىقمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆز ئەسەرلىرىدە كىشىلەرنىڭ تارىخنى چۈشىنىشىگە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن تارىخنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن شەرقىي ئاسىيا چەمبىرىكىنىڭ ئورتاق ئاساسقا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەنە شۇندىلا ھەمراھلىق مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: سىز ئۇنىڭ يېڭى ئەسىرى «Q841» گە قانداق قارايسىز؟ سىز ئۇنىڭ قايسى ئەسەرلىرىنى بەكرەك ياقتۇرىسىز؟

لىن شاۋخۇا: مەن نەشرىيات سودىگەرلىرىنىڭ «Q841» ناملىق ئەسەرنى مۇراكامى خارۇكىنىڭ ئەدەبىي تالانتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسەر دەپ تەشۋىق قىلىشىغا قوشۇلمايمەن. ياپونىيەدىمۇ بۇنداق دەيدىغانلار ناھايىتى ئاز. ئەگەر مۇراكامى خارۇكىنىڭ ئەڭ قالتىس ئەسىرىدىن بىرنى تاللاش توغرا كەلسە، مەن «غەلىتە قۇشنىڭ تەزىيە خاتىرىسى» نى ئەڭ مۇناسىپ دەپ قارايمەن. مەن ئۇنىڭ بۇ كاتتا ئەسىرىگە ئالاھىدە ئامراق. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە ئۇنىڭ «ئۇسسۇل، ئۇسسۇل، ئۇسسۇل»، «دېڭىز بويىدىكى كافكا»، «1973- يىلىدىكى شارىك» قاتارلىق ئەسەرلىرىنىمۇ ياقتۇرىمەن.

ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا قانداق قارايسىز؟ نۇرغۇن كىشىلەر: «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى دۆلەت، ئىرق، تىل، جىنىس، سياسىي مايىللىق قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇ ئامىللار يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي سەۋىيەسىگە ھەرگىز ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئامىللار تۈپەيلى، نۇرغۇن مەشھۇر يازغۇچىلار نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن» دەپ قارايدىكەن. يەنە بىر ياقتىن ئېيتقاندا، كىشىلەر ھەر يىلى بىر قېتىم باھالىنىدىغان بۇ مۇكاپاتقا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق؟

لىن شاۋخۇا: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنى شاللىۋەتكىنى راسىت، لېكىن ھەر قانداق مۇكاپاتنىڭ مۇنەۋۋەر يازغۇچى بولسىلا نېسىپ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنى شۇ دەۋردىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ. 100 يىلدىن بۇيان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يازغۇچىلاردۇر. ھازىر دۇنياۋى ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرى ئىچىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىدىنمۇ تەسىرى كۈچلۈك، نوپۇلۇق مۇكاپاتلار تېخى يوق.

2. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: جويىس كارول ئوتېس

ئالدىنقى قاتاردىكى يازغۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئىستېداتنى ھازىرلىغان

جويىس كارول ئوتېس 1938- يىلى نيۇيوركتا بىر ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1960- يىلى سىراكيۇس ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، كېيىنكى يىلى ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات ماگېستىرلىقى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1868- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە كانادا ۋىنتوئۇر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەنگلىيە- ئامېرىكا ئەدەبىياتىدىن دەرس بەرگەن، 1978- يىلىدىن كېيىن يېڭى جېرسىيە پىرىنىستون ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدە دەرس بەرگەن، شۇنداقلا يولدىشى بىلەن كىچىك تىپتىكى نەشرىياتتىن بىرنى قۇرغان ۋە 2008- يىلى يولدىشى ۋاپات بولغۇچە «ئونتارىيو تەقرىزلىرى» ناملىق ئەدەبىي ژۇرنالنى نەشر قىلغان.

ئوتېسنىڭ ئۆمرى يېزىقچىلىق ۋە ئوقۇ- ئوقۇتۇش بىلەن ئۆتكەن، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئەھۋالى ۋە داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئۇ ھەققىدە يازغان ئوبزورلىرىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ يېزىقچىلىق تالانتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئوتېس مول ھوسۇللۇق يازغۇچى بولۇپ، ئەسەرلىرى ئامېرىكىدا ناھايىتى بازارلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەت ئەلدىكى نەشر ھوقۇقى ۋەكالەتچىلىرى ھەر يىلى دۆلەت ئىچىدىكى نەشرىيات شىركەتلىرىگە ئۇنىڭ يېڭى ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نوقۇل ئەسەرلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئوتېسنى فولكىنېردەك كاتتا يازغۇچىلار بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن جەمئىيەتنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئەكىس ئەتتۈرۈش، جەمئىيەتنى تەنقىد قىلىش، ئادەملەرنىڭ خاراكتېرىنى كۆزىتىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى سۈپەت ۋە سان جەھەتتە كاتتا يازغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكەن.

ئەسەرلىرىدە رېئال مەسىلىلەر نەزەرگە ئېلىنغان

ئوتېس باشتىن- ئاخىر ئامېرىكىدىكى رېئال مەسىلىلەرگە دىققىتىنى ئاغدۇرغان، ئەسەرلىرىدىكى دېتاللارنىڭ كۆپىنچىسى ئاۋام كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلاردىن تاللانغان. مۇشۇ ۋەجىدىن، ئەستايىدىل يازغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ئوقۇرمىنى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، ئەسەرلىرى ئامېرىكىدا ناھايىتى بازارلىق.

ئوتېسنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، 14 يېشىدىن باشلاپ يېزىقچىلىقنى باشلىغاندىن تارتىپ ئىزچىل باش چۆكۈرۈپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپ مەھسۇلاتلىق يازغۇچى دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان. تۇنجى ئەسىرى «شىمالىي قۇۋۇق يېنىدا» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى يورۇقلۇققا كۆز ئاچقاندىن بۇيان تا ھازىرغىچە رومان، ھېكايىلەر توپلىمى، شېئىرلار توپلىمى، دىرامما، ئەدەبىي ئوبزور بۇلۇپ جەمئىي 100 پارچىدىن ئارتۇق كىتابى نەشر قىلىنغان. لېكىن ئۇنىڭ مول ھوسۇللۇق يازغۇچى بولۇشىمۇ كىشىلەرنىڭ سۆكۈشىگە ئۇچرىغان. كىشىلەر ئۇنى: «ئەسەر بۇنداق ئالدىراپ يېزىپ چىقىلسا ياخشى چىقمايدۇ» دەپ سۆككەن. شاڭخەي جيۇجيۇ ئوقۇرمەنلىرى نەشرىيات شىركىتىنىڭ مۇھەررىرى، ئوتېسنىڭ «مېنىڭ سىڭلىم، مېنىڭ سۆيگۈم»، «قاغجىرىغان دالادىكى كېچە» ناملىق ئەسەرلىرىنىڭ خەنزۇچە نەشرىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ۋۇ ۋېنجۈەن ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا: «ئوتېس مول ھوسۇللۇق يازغۇچى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتى ئىزچىل بىر خىل تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىدى. ئۇ ـــ ئامېرىكىنىڭ مەرتىۋىسى ئىنتايىن يۇقىرى، سەل قاراشقا بولمايدىغان يازغۇچىسى. ئۇنىڭ پۈتۈب ئىجتىھاتى بىلەن ئىجادىيەتكە بېرىلىشى، مەرتىۋىسى ۋە ئىجادىيەت ئەمەلىي كۈچىمۇ كاتتا يازغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكەن» دېگەن.

ئوتېسنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى چىن رېئاللىق ئاساسىدا يېزىلغان. «مېنىڭ سىڭلىم، مېنىڭ سۆيگۈم» نى مىسالغا ئالساق، بۇ رومان ئامېرىكىدىكى تا ھازىرغىچە پاش بولمىغان ناھايىتى مۇرەككەپ بىر دېلو ئاساسىدا يېزىلغان. روماندا مۇنداق ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ: 1996- يىلى مىلاد بايرىمى كۈنى ئالتە ياشلىق بىر قىزچاق ئۆز ئۆيىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ، بۇ ۋەقە بىر مەھەل جەمئىيەتتە غولغۇلا پەيدا قىلغان ئاخبارات ۋەقەسىگە ئايلىنىدۇ. ئوتېس ئۆز تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن بۇ روماننى يېزىپ چىققان بولۇپ، ئەينى چاغدا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان جىمى ئەھۋاللارنى بەدىئىي يوسۇندا ئىپادىلەپ بەرمەكچى بولغان. روماندىكى باش پېرسۇناژنىڭ سىڭلىسى يەر ئاستى ئۆيىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇ ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئېنىق ئېسىدە تۇتۇۋالالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش ئۇنى بىر ئۆمۈر قىينايدۇ. ئۇ سىڭلىسىنىڭ ئۆلۈمىدە ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ، سىڭلىسىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكمۇ- يوق دېگەننى زادىلا جەزملەشتۈرەلمەيدۇ. پۈتكۈل رومان رازۋېدكا رومانى تۈسىدە يېزىلغان. روماندا يەنە ئەر باش پېرسۇناژنىڭ ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى تۇنجى مۇھەببەت ھېكايىسىدىن ئىبارەت بىر ۋەقەلىكمۇ قىستۇرما قىلىنغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى مۇكەممەل ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئوتېس ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا بەكلا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ بۇ رومانىدا نۇرغۇنلىغان جىنىسي ئامىللارنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن.

پېرسۇناژلاردىكى پىسىخىكا ۋە زوراۋانلىقنى تەسۋىرلەشكە ماھىر

چەت ئەل ئەدەبىياتى نەشرىياتى1980- يىلى 12- ئايدا ئوتېسنىڭ «ئاجايىپ مەنزىرە» ناملىق رومانىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى نەشر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرى ئۇنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتېسنىڭ ئەسەرلىرى خەنزۇچىغا بارغانسېرى كۆپ تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلىدى، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوتېس ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىمۇ بارغانسېرى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ليۇ يۈخوڭ ئوتېسنىڭ «قارا سۇ»، «مۇردا» ناملىق ئەسەرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئەسەرلەر پات ئارىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ليۇ يۈخوڭنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى ئوتېس تەتقىقاتىغا ئاتالغان بولۇپ، ئۇ ئوتېس ئەسەرلىرىدىكى «گوتچە رېئالىزم» نى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، روماندا گوتچە پروزا ماھارىتى كەڭ كۆلەمدە تەدبىقلانغان. ئۇنىڭ بۇ خىل ماھارەتنى ئەسەرلىرىدە تەدبىقلىشى رېئالىزملىق ئىجادىيەت مۇددىئاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۈچۈندۇر. ئۇ ئەسەرلىرىدە تۇرمۇشتىكى زوراۋانلىقنىڭ بىر تەرىپىگە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتىدىكى تۈرلۈك ئىللەتلەرنى پاش قىلغان، «گوتچە پروزىنىڭ ھەم كىشىنىڭ خاراكتېرىدىكى قاراڭغۇلۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن، ھەم رېئالىزمنىڭ تۇرمۇشنى ئوبيېكتىپ يوسۇندا ئىپادىلەپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىجادىي پىرىنسىپىغا سادىق بولغان.»

ليۇ يۈخوڭ يەنە مۇنداق دەيدۇ: زوراۋانلىقتىن ئىبارەت بۇ باش تېما ئوتېسنىڭ رومانلىرىدىكى سەل قارىغىلى بولمايدىغان ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ قەلىمىدە تەسۋىرلەنگەن بىر نەچچە تۈرلۈك پېرسۇناژلار تۈرلۈك زوراۋانلىقلارنى ئۆزىدە تولۇق نامايان قىلغان. بۇ پېرسۇناژلار يالغۇز چاتما قاتىللىق دېلوسى سادىر قىلىدىغان قاتىل بولۇپلا قالماستىن يەنە باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئايال زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى سۈپىتىدىمۇ تەسۋىرلىنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بالىلار زوراۋانلىقى، ئائىلە زوراۋانلىقى قاتارلىقلارمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئوتېس پېرسۇناژلارنىڭ پىسىخىك پائالىيىتىنى تەسۋىرلەشكىمۇ ماھىر بولۇپ، ئامېرىكىلىق يازغۇچى ھېنىرى جامېسنىڭ پىسىخىك ئانالىز پروزىچىلىق ئىجادىيىتىنىڭ جان تومۇرىغا ۋارسلىق قىلغان.

ۋۇ ۋېنجۈەننىڭ قارىشىچە، ئوتېسنىڭ يەنە ھېكايە سۆزلەش ماھارىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. بىر كەسكىن يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ يەنە ئىنسان خاراكتېرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا چۆكۈپ تۇرۇپ، ئىش- ۋەقەلەرنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى ئىچكى مەنتىقىنى تەسۋىرلەشكە تولىمۇ ماھىر ئىكەن، پېرسۇناژلارنىڭ پىسىخىكىسىنى ناھايىتى ئىنچىكە تەسۋىرلەيدىكەن.

3. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: ئەلىس مۇنرو

كانادالىق ئايال يازغۇچى مۇنرونىڭ ھېكايە ئىجادىيىتى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇ يىل 82 ياشقا كىرگەن بۇ يازغۇچى ھاياتىدا 11 پارچە ھېكايىلەر توپلىمى ۋە بىر پارچە رومان يازغان. 1968- يىلى كانادا ئاياللار ھوقۇق ھەرىكىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىدە تۇرۇۋاتقاندا ئۇ 37 ياشتا ئىدى، ئۇ شۇ يىلى ئېلان قىلىنغان «شادىمان كۆلەڭگە ئۇسسۇلى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى بىلەن ناھايىتى ئابروي قازانغان ۋە كانادا باش ۋالىي ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مۇنرونىڭ كۆپىنچە ئەسەرلىرىدە ئاياللار باش تېما قىلىنىدۇ، ئەسەرلىرىنىڭ تىلى تولىمۇ ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئاددىي تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەيدۇ، ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى كۆپىنچە ئاغرىق- سىيلاق، ئۆلۈم- يېتىمگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلارغا چېتىلىدۇ. بەزى ئوبزورچىلار ئۇنى «ھازىرقى زاماندىكى چىخوپ»، «كانادانىڭ چىخوپى» دەپ تەرىپلىشىدۇ. 2009- يىلى مۇنرو بۇك خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇك مۇكاپاتى ھازىرقى زامان ئىنگلىز تىلى پروزىسى ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات دەپ قارىلىدۇ.

4. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: ئەدۇنىس

ئەدۇنىس ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ مەشھۇر ئەرەب شائىرى، 1930- يىلى سۈرىيەدە تۇغۇلغان، 1956- يىلى لىۋاندا ئولتۇراقلىشىپ ئەدەبىي ھاياتىنى باشلىغان. 1980- يىللاردىن ئېتىبارەن ياۋروپا- ئامېرىكىلاردا دەرس سۆزلىگەن، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر پارىژدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ دۇنيا شېئىرىيەت مۇنبىرىدىكى ئابرويى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، خېلى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ كاتتا ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. يېقىندا ئەدۇنىس بېيجىڭدا 2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى مويەن بىلەن سۆھبەتلەشكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن، 2011- يىلى شىۋېتسىيەلىك شائىر توماس تىرانىسترومېر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ يەنە شائىرغا بېرىلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس.

5. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: فىلىپ روس

1933- يىلى ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسى شىتاتىدا تۇغۇلغان، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى يەھۇدىي پۇشتىدىن بولغان ئەڭ مەشھۇر يازغۇچىسى. فىلىپ روس «خەير- خوش كولومبو» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، 1988- يىلى «ئامېرىكا قىشلاق نەزملىرى» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئامېرىكا پۇلتىزىر ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىرغىچە ئامېرىكىدىكى جىمى مەشھۇر ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنىڭ ھەممىسىگە نائىل بولغان.

«ئىنسان خاراكتېرىدىكى ئىپلاسلىقلار» ناملىق فىلىم ئۇنىڭ 2000- يىلى نەشر قىلىنغان شۇ ناملىق رومانىدىن سىنارىيەلەشتۈرۈلگەن. 2008- يىلى ئىشلەنگەن «ماتەم ناخشىسى» ناملىق فىلىممۇ ئۇنىڭ «سەكراتتىكى تەن» ناملىق رومانىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. ئۇ مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بېرى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئۈچۈن ئىزچىل نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بەزىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تېخى پىشمىغان، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولۇشقا شەرتى توشمايدۇ دەپ قارايدۇ.

6. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: ئاموس ئوز

ئاموس ئوز ئىسرائىلىيەنىڭ بۈگۈنكى زاماندىكى ئەڭ مەشھۇر يازغۇچىسى، ئىبراي تىلىدا ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر بولغان يازغۇچى. 1939- يىلى ئېروسالىمدا تۇغۇلغان، 12 يېشىدا ئانىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يېزىقچىلىق كوچىسىغا باشچىلاپ كىرىشىپ كەتكەن. ئۇ«مۇھەببەت ۋە زۇلمەتتىكى ھېكايە» ناملىق ئەسەردە ئاتا- ئانىسى ھەققىدىكى ئىشلارنى بالىلىق نەزەردە تۇرۇپ تەسۋىرلەپ بەرگەن بولۇپ، ئەسەردە بىر يەھۇدىي جەمەتىنىڭ تارىخى ۋە مىللەت ھەققىدىكى بايانلار سۆزلەنگەن. ئائىلە ـــ ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى يادرولۇق باش تېما بولۇپ، ئۇ: «ئائىلە ـــ ئالەملەر ئارىسىدىكى ئەڭ سىرلىق ھۈجەيرە. ئۇ جىمى سەۋەب- نەتىجە، زىددىيەت، كۈرەش، سۆيگۈ ئىستىكى، پارادوكس، شاد- خوراملىق ۋە ھەسرەت- نادامەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئىسرائىلىيەلىك ئەدەبىي تەنقىدچى، پىروفېسسور گېرشون شېيكېدنىڭ قارىشىچە، ئاموس ئوز ئەسەرلىرىدە شېئىرىي تۇيغۇ ۋە كېرىلىش كۈچى بىلەن تويۇنغان تىل ئىشلىتىش ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئىبراي ئەدەبىياتىغا زور تۆھپە قوشقان.

7. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: مىلان كۇندىرا

مىلان كۇندىرا جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرىگە ئانچە ناتونۇش ئەمەس. 1967- يىلى ئۇنىڭ «چاقچاق» ناملىق تۇنجى رومانى چېختا نەشر قىلىنىپ ئۇدا ئۈچ قېتىم قايتا بېسىلغان، ھەر قېتىمقى باسمىسى بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا سېتىلىپ تۈگەپ كەتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇنىڭ چېخ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى مۇھىم ئورنى تىكلەنگەن. پارىژدا ئولتۇراقلىشىپ قالغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا فىرانسىيە ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ ياقتۇرىدىغان چەت ئەللىك يازغۇچىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ «كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنتۇپ كېتىش خاتىرىسى»، «ھايات يەڭگىلتەكلىنى كۆتۈرمەيدۇ»، «ئۆچمەس» قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى فىرانسىيەدە ناھايىتى تەسىر قوزغاپ، دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان. ئۇ كۆپ قېتىم خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن ھەمدە كۆپ قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

8. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: مارگارت ئاتۋۇد

يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئاتۋۇد سانسىزلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ «كانادا ئەدەبىيات خانىشى» دېگەن نامى بار. 19 يېشىدا تۇنجى شېئىرلار توپلىمى ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئاياللارغىلا خاس بولغان بىر خىل نازۇكلۇك ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، چوڭقۇر كۆزىتىش كۈچىگە ئىگە. 1969- يىلى «يېگىلى بولىدىغان ئايال» ناملىق تۇنجى رومانى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن كەينى- كەينىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە باشلىغان. «ئايال چاكار ھەققىدە ھېكايە»، «مۈشۈك كۆزى»، «باشقا ئىسىمى گېرىس» ناملىق رومانلىرى ئۈچ قېتىم بۇك مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن. ئونىنچى رومانى «ئەما قاتىل» بىلەن ئاخىرى بۇ كاتتا مۇكاپات تاجىنى كىيىشكە مۇيەسسەر بولغان. مارگارت ئاتۋۇد كۆپ مەھسۇلاتلىق يازغۇچى بولۇپ، رومان، شېئىرلار توپلىمى، ئەدەبىي ئوبروزلار توپلىمى بولۇپ جەمئىي 30 نەچچە پارچە كىتابى نەشر قىلىنغان.

9. قىزىق نۇقتىلىق نامزات: ئىسمايىل قادىرى

ئالبانىيە يازغۇچىسى ئسىمايىل قادىرى ھازىر پارىژدا ئولتۇرۇشلۇق، فىرانسۇز تىلىدا رومان ۋە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ كۆپىنچە ئەسەرلىرىدە مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى يوشۇرۇن مەسخىرە قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان، بەزى ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن بىر مەزگىل چەكلەنگەن. «ئارمىيەسىنى ھالاك قىلغان قوماندان»، «يىرتىلغان ئاپېرىل»، «چۈش قەسىرى»، «دۇرۇندىنانى كىم قايتۇرۇپ كېتىدۇ»، «خاتا بېرىلگەن زىياپەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. 2005- يىلى ئۇ گارسىيا ماركۇز، گۈنتېر گىراس، ئويى كىنزابۇرۇ قاتارلىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كاتتا يازغۇچىلار ئارىسىدىن ئۈزۈپ چىقىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك بۇك خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ ئىسىمى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا دو تىكىش تاختىسىنىڭ ئەڭ بېشىغا تىزىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

 

]]>
?feed=rss2&p=11803 1
مويەننىڭ رومانى «تولغان بەدەن» نەشردىن چىقتى ?p=11773 ?p=11773#comments Sat, 14 Sep 2013 18:22:28 +0000 ?p=11773 2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى مويەننىڭ «تولغان بەدەن»

ناملىق رومانى ئۇيغۇرچە نەشر قىلىندى

 

ھەزرىتى ئەلى بارات

2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى مويەننىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ــــ «تولغان بەدەن» ناملىق رومان خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشر قىلىندى. رومان «شەرقىي شىمال قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن دەسلەپتە ئۈچ توم بولۇپ نەشر قىلىندى، كىتابخانىلارغا سېلىنىدىغان نۇسخسى ئىككى توم بولۇپ نەشر قىلىنىدۇ، پات يېقىندا كىتابخانىغا سېلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ تىلى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، مويەننىڭ تىل ئۇسلۇبى ھەقىقىي نامايان قىلىنغان، كۆپىنچە يەرلىرىدە شەندوڭ شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىنىڭ شىۋىسى ئىشلىتىلگەن. ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى «مەن» مەركەز قىلىپ قانات يايىدۇ. ئاپتور روماندا ئۆز يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئاجايىپ- غارايىپ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى يۈكسەك تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تەسۋىرلىگەن. ئەسەرنى ئوقۇسىڭىز، گاھ كىشىنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرىدىغان بولمىغۇر ۋەقەلەردىن ھەيران بولۇپ ياقىڭىزنى چىشلىسىڭىز، گاھ ناھايىتى ئىنچىكە تىل تەسۋىرلىرىدىن ھوزۇر ئىلىكىدە ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلايسىز. ئەسەر مويەننىڭ روشەن تىل ئىشلىتىش خاسلىقىغا ئىگە بولغاچقا، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىمۇ ئاپتورنىڭ تىل ئۇسلۇبىغا ھۆرمەت قىلىندى. تەرجىمىسىنى ئوسمانجان مۇھەممەت بىلەن ھەزرىتى ئەلى بارات ئىشلىدى.

ئاپتورنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

مويەن، ئەسلى ئىسىمى گۈەن مويې، 1955- يىلى شەندوڭنىڭ گاۋمى دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، جۇڭگونىڭ ھازىرقى زاماندىكى مەشھۇر يازغۇچىسى. 1980- يىللاردا يېزا تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلىرى بىلەن باش كۆتۈرگەن، ئەسەرلىرى «يېزىنى سېغىنىش» بىلەن «يېزىدىن ئاغرىنىش» تەك مۇرەككەپ تۇيغۇ بىلەن تولغاچقا «يىلتىزىنى ئىزدەش ئەدەبىياتى» نىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى دەپ قارالغان، سېھرىي رىيالىزمنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. مويەن ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۆزگىچە بولغان سۇبيېكتىپ ھېس- تۇيغۇ دۇنياسىنى، زىيادە سىرلىق، تەجرىبىدىن ھالقىغان ئوبيېكتىپ دۇنيانى يارىتىدۇ، ئەركىن بايان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، ئەسەرلىرىدە يەنە روشەن «ئاۋانگارتلىق» خۇسۇسىيەتمۇ تېپىلىدۇ. 2011- يىل ئاۋغۇستتا «پاقا» ناملىق رومانى بىلەن 8- نۆۋەتلىك ماۋدۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى (جۇڭگودىكى ئەڭ مەشھۇر ئەدەبىيات مۇكاپاتى) غا ئېرىشىدۇ. 2012- يىلى 11- ئۆكتەبىردە ئۆز ئەسەرلىرىدە سېھرىي رىيالىزمنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، تارىخ ۋە زامانىۋىلىق بىلەن يۇغۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مويەننىڭ ئەسەرلىرى يەنە «بىرلەشمە ئەدەبىيات مۇكاپاتى» (جۇڭگو تەيۋەن)، «خەنزۇ ئەدەبىياتى مېدىيە مۇكاپاتى: يىللىق مەشھۇر ئەسەر مۇكاپاتى»، فىرانسىيە «لائۇر باتايلىن چەت ئەل ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»، «فىرانسىيە مەدەنىيەت- سەنئەت رېتسارلار ئوردېنى» مۇكاپاتى، ئىتالىيە «نونىنو خەلقئارا ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، ياپونىيە «فۇكوكا ئاسىيا مەدەنىيەت مۇكاپاتى»، جۇڭگو شياڭگاڭ چىنخۇي ئۇنىۋېرسىتېتى «دۇنيا خەنزۇ يېزىقىدا نەشر قىلىنغان رومان مۇكاپاتى ـــ قىزىل راۋاقتىكى چۈش مۇكاپاتى»، ئامېرىكا «نيۇمەن خەنزۇ ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «قىزىل قوناق جەمەتى»، «مەي بەگلىكى»، «تولغان بەدەن»، «سەندەل جازاسى»، «ھايات- ماماتلىق چارچاش»، «پاقا» قاتارلىق 11 پارچە رومانى، «سۈزۈك سەۋزە»، «قومانداننىڭ ئايالى» قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېستى، سەھنە ئەسىرى، نەسىرى بار. «تولغان بەدەن» ناملىق بۇ رومان مويەننىڭ رومان ئىجادىيىتىدىكى، شۇنداقلا جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى بىر زور بۆسۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئىنگلىز، فىرانسۇز، گېرمان، ئىتالىيان، ياپۇن، ئىسپان، رۇس، كورىيان، گوللاند، شىۋېت، نورۋىگ، پولەك، ئەرەب تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەدەبىيات ساھەسىدە ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان.

روماننىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

«تولغان بەدەن» مويەننىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى، شۇنداقلا سەھىپىسى ئەڭ ئۇزۇن ئەسىرىدۇر. 1997- يىلى مەزكۇر رومان جۇڭگونىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپاتى «ئاۋام ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ئېرىشكەندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان، شۇنداقلا قاتتىق بەس- مۇنازىرە پەيدا قىلغان. قاينام- تاشقىنلىققا تولغان بىر تارىخىي ئېپوس خاراكتېرلىك بۇ بۈيۈك ئەسەردە ئاپتور شىمالدىكى بىپايان زېمىندا بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن تارىخىي بوران- چاپقۇن، ئۇرۇشنىڭ ئىس- تۈتەكلىرى بىلەن تولغان بىر مەزگىللىك تارىخنى لىللا مەيدان، يۈكسەك بەدىئىي تەسەۋۋۇر نۇقتىسىدا تۇرۇپ چىنلىق بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. روماندا يەنە ياپۇنغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىن تاكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىنكى مەزگىلگىچە بولغان ۋەقەلەر بايان قىلىنغان، قاينام- تاشقىنلىق تارىخ ناھايىتى كەڭ- كۇشادە تەسۋىرلەنگەن. روماندا «ئانا» تولىمۇ مۇشەققەت ئىچىدە باش پېرسۇناژ شاڭگۈەن جىنتوڭ ۋە ئۇنىڭ سەككىز ئاچىسىنى تەۋەللۇت قىلىدۇ، سەككىز قىز، بىر ئوغۇل بولۇپ جەمئىي توققۇز پەرزەنتتىن تەركىب تاپقان بۇ چوڭ جەمەت 20- ئەسىر جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ توختىماي داۋالغۇپ تۇرىدىغان ئەنسىز تارىخ مۇساپىسىگە قېتىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. روماندا بۇ ئاچا- سىڭىللار 20- ئەسىر جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ھوقۇقدارلار قاتلىمى ۋە ئەل ئىچىدىكى تەسىرى بار شەخسلەر ئارىسىغا سىڭدۈرۈۋېتىلىدۇ؛ بىر ئائىلە تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ؛ مويەننىڭ ئاياللارغا بولغان ھۆرمىتى، ھېسداشلىقى، مەدھىيەسى ئىپادىلىنىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ بويسۇندۇرغىلى بولمايدىغان ئاجىزلىقى بىلەن بىنورمال، كېسەل پىسىخىكىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېچىنىشلىق تەقدىر- قىسمەت بايان قىلىنىدۇ.

ئاپتور روماندا «ئانا» نى چىدىغۇسىز ئازاب- ئوقۇبەت، كۈلپەتلەرگە يولۇققان بىر مۇقەددەس ئايال ياكى مۇقەددەس مەريەم ئانا سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. لېكىن بۇ شور پىشانە ئايالدىن تۇغۇلغان سەككىز ئاچا- سىڭىل 20- ئەسىر جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي- سىياسىي كۈچلەر، ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى، تەلۋە يىللاردىكى ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە قىلىنىپ، 20- ئەسىر جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي، تارىخىي سەھنىسىگە سۆرەپ كىرىلىدۇ. بىر- بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بۇ كۈچلەر ئارىسىدىكى قوراللىق جاڭجال، كۈرەش ۋە قىرغىنچىلىق «مەن» نىڭ ئائىلىسىدىن باشلاپ قانات يايىدۇ. «ئانا» ئەنە شۇ رېئاللىقنى ئۆزى يالغۇز قوبۇل قىلىدۇ ۋە شۇ رەھىمسىز رېئاللىقنىڭ ئېچىنىشلىق كۈلپەتلىرىدىن ئۆزى يالغۇز غالىپ كېلىدۇ. باندىتلار، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى، سەرسان- سەرگەردانلىق، پەرزەنتلىرىنىڭ بىر- بىرلەپ ئۆلۈپ كېتىشى ھەمدە بىردىنبىر مەجرۇھسىمان ئوغلىدىن ئەنسىرەش، تەشۋىشلىنىش «ئانا» نىڭ قەلبىنى توختىماي قىينايدۇ. لېكىن ئۇ شۇ تەلۋە دەۋرنىڭ كۈلپەتلىرىگە چىداپ ئۆزى ئىشلەۋاتقان تۈگمەندىكى ئاشلىقلارنى خەققە تۇيدۇرماي ئاغزىغا تىقىپ يۇتۇۋېلىپ، ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن قەي قىلىپ ياندۇرۇپ بالىلىرىغا يېگۈزىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى قۇشلارنىڭ ئاشقازىنىدىكى داننى قۇسۇپ بالىسىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزغىنىغا ئوخشايدۇ . . . ئانا بۇ يەردە بىر خىل ئىماگ، بەلگە، سىمۋول سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولمىش ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا، ئاددىي- ساددىلىقىغا، شەخسيەتسىزلىكىگە، ھاياتلىق ئەنئەنىسىنىڭ تەڭداشسىز مۇھىم ئەھمىيىتىگە مەدھىيە ئوقۇلىدۇ.

روماندىكى ئاساسلىق پېرسۇناژلار

پېرسۇناژلار

مۇناسىۋىتى

پېرسۇناژنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

شاڭگۈەن لۇشى

ئانىسى

چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 26- يىلى (مىلادى 1900- يىلى) تۇغۇلغان. كىچىك ئىسىمى شۈەن ئېر، 6 ياش ۋاقتىدا، جياۋجى تۆمۈر يولىنى ياساشقا قارشى تۇرغىنى ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ قورشاپ يوقىتىشىغا دۇچ كېلىپ، ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنى چوڭ ھاممىسى يۈ لۇشى بىلەن ھاممىسىنىڭ ئېرى يۈ داباجاڭ بېقىپ چوڭ قىلىدۇ ۋە 16 ياشقا توشۇپ پۇتىنى بوغقۇچە باقىدۇ. كېيىن تۆمۈرچىنىڭ ئوغلى شاڭگۈەن شوۋشىغا ياتلىق بولىدۇ. 30 نەچچە يېشىدىن باشلاپ خىرستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، 95 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.

شاڭگۈەن لەيدى

چوڭ ئاچىسى

شاڭگۈەن لۇشى بىلەن ھاممىسىنىڭ ئېرى يۈ داباجاڭدىن بولغان قىز. سۈن دايا بىلەن چاي ئىچۈرۈلگەندىن خېيلۇنياۋ مىلتىقچىلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى شا يۆلياڭ بىلەن قېچىپ كېتىپ، قىزى شا زاۋخۇانى تۇغىدۇ. ئازاتلىقتىن كېيىن يەنە مېيىپ ھەربىي سۈن بۇيەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىمى سۈن دايا) گە تېگىدۇ. سۈن بۇيەننىڭ جىنسىي خورلۇقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ياپۇنىيەنىڭ بېيخەيداۋ تاغلىق رايونلىرىدا 15 يىل مۆكۈنۈپ يۈرۈپ قايتىپ كەلگەن نياۋ ئېرخەننى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يىڭ ۋۇنياۋنى تۇغىدۇ. نياۋ ئېرخەن بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىۋاتقاندا سۈن بۇيەن سېزىپ قالىدۇ، ئېلىشىش جەريانىدا سۈن بۇيەننى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. كېيىن سۈن بۇيەننى ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتىنى مەلۇم قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

شاڭگۈەن جاۋدى

ئىككىنچى ئاچىسى

شاڭگۈەن لۇشى بىلەن ھاممىسىنىڭ ئېرى يۈ داباجاڭدىن بولغان قىز. ياپۇنغا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىنىڭ قوماندانى سى ماكۇنىڭ خوتۇنى، سى ماخۇاڭ ۋە سى مافېڭدىن ئىبارەت ئىككى قىز تۇغىدۇ. مۇستەقىل ئەترەت 17- تۈەنى بىلەن بولغان جەڭدە ئوق تېگىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، قىزىمۇ سولچى يەر ئىسلاھاتى ئەمەلدارى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

شاڭگۈەن لىڭدى

ئۈچىنچى ئاچىسى

«قۇش پەرىسى» دېگەن ئىسىمىمۇ بار. ئۆز دادىسى باندىتلارنىڭ پايلاقچىسى. ئۇ ئىزچىل نياۋ ئېرخەننى ياخشى كۆرىدۇ، نياۋ ئېرخەن ئەسىرگە ئېلىنىپ ياپۇنىيەگە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ئەقلىدىن ئادىشىپ قالىدۇ. كېيىن سۈن بۇيەنگە ياتلىق بولىدۇ، قيادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالىدۇ. دايا ۋە ئېريا دېگەن ئىككى ئوغلى گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە بومباردىماندا پارتلاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

شاڭگۈەن شياڭدى

تۆتىنچى ئاچىسى

جياڭخۇلۇق ئەمچىدىن بولغان قىز. ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى دەستىدە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتا ئۆزىنى پاھىشىخانىغا سېتىۋېتىدۇ. ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن كەنتكە قايتىش يولىدا كوممۇنا كادىرلىرى تەرىپىدىن مال- مۈلۈكلىرى تارتىۋېلىنىپ كۈرەشكە تارتىلىدۇ. كېيىن كونا كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

شاڭگۈەن پەندى

بەشىنچى ئاچىسى

ئىت سويىدىغان پوكانچى گاۋدا پياۋزىدىن بولغان قىز. ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا پارتلىتىش ئەترىتىگە قاتنىشىدۇ، كېيىن سىياسىي كومېسسار لۇ لىرېنغا ياتلىق بولۇپ قىزى لۇ شېڭلىنى تۇغىدۇ. رايون باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ، ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە جياۋ لوڭخې دېھقانچىلىق فېرمىسى مال- چارۋا ئەترىتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ ۋە ئىسىمىنى ما رۈيليەنگە ئۆزگەرتىۋالىدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.

شاڭگۈەن نيەندى

ئالتىنچى ئاچىسى

تيەنجى بۇتخانىسىدىكى راھىبتىن بولغان قىز. ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچى بابىتنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، توي قىلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن بابىت بىلەن بىللە لۇ لىرېن تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشىدۇ، يالاپ كېتىلىۋاتقاندا قېچىپ كېتىدۇ، قېچىپ كېتىۋاتقاندا بىر تۇل خوتۇن تەرىپىدىن بابىت يوشۇرۇنۇپ ياتقان تاغ ئۆڭكۈرىگە ئاپىرىلىدۇ، كەينىدىن ھېلىقى تۇل خوتۇن گىراناتنىڭ پىلىكىنى تارتىۋېتىدۇ ۋە ئۈچىلىسى ئۆڭكۈردە پارتلاپ ئۆلىدۇ.

شاڭگۈەن چيۇدى

يەتتىنچى ئاچىسى

شاڭگۈەن لۇشى 4 قاچاق ئەسكەر تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا تۇغۇلغان بالا. 4 ياش ۋاقتىدا خاربىنغا قېچىپ كېلىۋالغان سىتوف ئىسىملىك بىر رۇسىيەلىك بىر گىراف خانىمغا سېتىۋېتىلىدۇ، گىراف خانىم ئۇنى بېقىۋالىدۇ. گىراف خانىم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى بىر پويىز ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى بېقىۋېلىپ، ئىسىمىنى چياۋ چىشاغا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، خاربىن ئۆلكىلىك تىببىي ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرىدۇ، ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى مەزگىلىدە ئوڭچى قالپىقى كەيدۈرۈلۈپ دېھقانچىلىق فېرمىسىدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىۋاتقاندا ئاچارچىلىققا چىدىماي خام پۇرچاق قوتۇرمىچىنى جىق يەۋېلىپ قورسىقى كۆپۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

شاڭگۈەن يۈنۈ

سەككىزىنچى ئاچىسى

شاڭگۈەن جىنتوڭ بىلەن قوشكېزەك تۇغۇلغان. شىۋېتسىيەلىك پوپ مالويادىن بولغان قىز. تۇغما ئەما. ئۈچ يىللىق كۈلپەت مەزگىلىدە دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋالغان.

شاڭگۈەن جىنتوڭ

«مەن»

تۇغۇلۇشىدىنلا ئەمچەككە خۇمار بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، «جەسەتكە باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى» سادىر قىلغىنى ئۈچۈن 15 يىل تۈرمىدە ياتىدۇ. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن جازا مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن چىقىدۇ ۋە ھېچ ئىشنى باشقا ئەچىقالمايدۇ، پۈتۈن ئۆمرى نامراتلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.

شاڭگۈەن شوۋشى

شاڭگۈەن لۇشىنىڭ

ئېرى

تۆمۈرچى. بالا تېپىش ئىقتىدارى يوق، 1939- يىلى ياپۇنىيە ئارمىيەسى شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە ئۆلتۈرۈلىدۇ.

شاڭگۈەن لۈشى

شاڭگۈەن فۇلۇنىڭ

خوتۇنى

شاڭگۈەن شوۋشىنىڭ ئانىسى. 1939- يىلى ياپۇنىيە ئارمىيەسى شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ئېرى بىلەن ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، ئۇ بۇنى كۆرۈپ ساراڭ بولۇپ قالىدۇ. كېيىن دەرت- ئەلەمگە چىدىمىغان شاڭگۈەن لۇشى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ.

سى ماكۇ

سى ماتىڭنىڭ

ئىنىسى

شاڭگۈەن جاۋدىنىڭ ئېرى. شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىدىكى چوڭ پومېشچىك. ياپۇنغا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ قوماندانى، گومىنداڭ- كومپارتىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە قولغا ئىلىنغاندىن كېيىن قېچىپ كېتىدۇ، كېيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ، سوتقا تارتىلىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

سى مالياڭ

سى ماكۇنىڭ

ئوغلى

سى ماكۇنىڭ ئۈچىنچى توقىلىدىن بولغان بالا. سى ما جەمەتىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قىرىۋېتىلگەندە قېچىپ كېتىپ قۇتۇلۇپ قالىدۇ، كېيىن ئۇنى شاڭگۈەن لۇشى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدە يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندا كورىيەگە قېچىپ بېرىۋالىدۇ. كېيىن كاتتا بايغا ئايلىنىپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ يۇرتىغا مەبلەغ سالىدۇ.

شا يۆلياڭ

شاڭگۈەن لەيدىنىڭ

ئېرى

ياپۇنغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە خېيلۇنياۋ مىلتىقچىلار ئەترىتىگە باشلىق بولىدۇ. كېيىن ياپۇن ئىمپېرىيەسىگە تەسلىم بولۇپ، بوخەي دېڭىزى گارنىزونىغا قوماندان بولىدۇ. چوڭ قىسىم پارتلىتىلىپ مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.

شا زاۋخۇا

شا يۆلياڭنىڭ

قىزى

شا يۆلياڭ بىلەن شاڭگۈەن لەيدىنىڭ قىزى. بىر ئۆمۈر سى مالياڭنى ياخشى كۆرۈپ ئۆتىدۇ، 90- يىللاردا سى مالىياڭغا توي تەكلىپى قويۇپ رەت قىلىنىپ بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالىدۇ.

مالويا

شىۋېتسىيەلىك دىن تارقاتقۇچى

شاڭگۈەن جىنتوڭ بىلەن شاڭگۈەن يۈنۈنىڭ دادىسى. كېيىن خېيلۇنياۋ مىلتىقچىلار ئەترىتى تەرىپىدىن خورلىنىپ بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالىدۇ.

نياۋ ئېرخەن

شاڭگۈەن لىڭدىنىڭ

سۆيگۈنى

ياپونغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپۇنىيە ئارمىيەسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ ياپۇنىيەنىڭ بېيخەيداۋ دېگەن يېرىگە ئاپىرىلىپ ئەمگەككە سېلىنىدۇ، كېيىن ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان يەردىن قېچىپ تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىۋېلىپ 15 يىل مۆكۈنۈپ يۈرگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىدۇ. شاڭگۈەن لەيدىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ بۇزۇقچىلىق قىلىشىدۇ. سۈن گاچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىگە چېتىلىپ تارىم ئويمانلىقىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ،يولدا يالاپ كېتىلىۋاتقاندا قاچىمەن دەپ ماشىنىدىن سەكرەيدۇ ماشىنىنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

يىڭ ۋۇخەن

نياۋ ئېرخەننىڭ

ئوغلى

نياۋ ئېرخەن بىلەن شاڭگۈەن لەيدىدىن بولغان بالا. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن گېڭ ليەنليەن بىلەن ھەمكارلىشىپ دوڭفاڭ قۇش تۈرلىرى مەركىزىنى قۇرىدۇ، غايەت زور سوممىدىكى ھۆكۈمەت پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغاچقا تۈرمىگە كىرىدۇ.

لۇ لىرېن

جياڭ لىرېن

ياپۇنغا قارشى تۇرۇش بومباردىمانچىلار ئەترىتىنىڭ، مۇستەقىل ئەترەت 17- تۈەنىنىڭ سىياسىي كومېسسارى، گاۋدوڭ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، كېيىن ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە جياۋ لوڭخې دېھقانچىلىق فېرمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ، تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

لۇ شېڭلى

لۇ لىرېننىڭ

قىزى

لۇلىرېن بىلەن شاڭگۈەن پەندىنىڭ قىزى. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىن كېيىن دالەن شەھىرىگە شەھەر باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ، خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىرىدۇ.

سۈ بۇيەن

(سۈن گاچا)

سۈن ھاممىنىڭ

چوڭ نەۋرىسى

شاڭگۈەن لەيدى بىلەن چاي ئىچۈرۈلىدۇ، شاڭگۈەن لەيدى شا يۆلياڭ بىلەن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن شاڭگۈەن لىڭدى بىلەن توي قىلىدۇ. ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ مېيىپ بولۇپ قالىدۇ ۋە يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە شاڭگۈەن لەيدى بىلەن توي قىلىدۇ. خوتۇنىنىڭ نياۋ ئېرخەن بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشىغا چىدىماي جاڭجاللىشىدۇ ۋە شاڭگۈەن لەيدى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ.

جى چيوڭجى

شاڭگۈەن جىنتوڭنىڭ مۇئەللىمى

1957- يىلى ئوڭچى قالپىقى كىيگۈزۈلىدۇ، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن دالەن شەھىرىگە شەھەر باشلىقى بولىدۇ.

]]>
?feed=rss2&p=11773 6
«ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى» ناملىق كىتابنىڭ 2- باسمىسى نەشردىن چىقتى ?p=11672 ?p=11672#comments Wed, 03 Jul 2013 17:03:05 +0000 ?p=11672  دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى» ناملىق كىتابىنىڭ ئىككىنچى باسمىسى نەشردىن چىقتى

 

 

 

كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئەتراپىمىزدا تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا بىزدىن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشنى، ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىشنى، ئۆزىمىزنى چوڭقۇرلاپ قېزىشنى ۋە كىملىكىمىزنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تونۇشنى تەلەپ قىلماقتا. ئەمما بۇ جەريان قانداق ئىشقا ئاشىدۇ؟ بىز خرىسلار ۋە تېپىشماقلار ئالدىدا نېمە قىلالىشىمىز مۇمكىن؟ يوشۇرۇن كۈچىمىزنى قانداق قازىمىز؟ بۇلار ئېيتىلىشقا ئاسان بولغىنى بىلەن، ئادەمنى گاڭگىرىتىدىغان، ۋەزنى ئېغىر سوئاللاردۇر. قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ئەنە شۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە جاپالىق سىناقلارنى ئۆز ھاياتىدا تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئىزدىنىشچان ياشنىڭ چەت ئەل ۋە يۇرتىمىزدىكى ئۆزىنى ئىزدەش سەپىرىدە ھېس قىلغان، ئويلىغان خاتىرىلىرىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدۇر. كىتابنىڭ قۇرلىرىدىن يېڭى ئۇچۇر، يېڭى پىكىر خۇرۇچلىرى ۋە تىنىم تاپماس بىر روھنىڭ ئىزنالىرى بايقىلىپ تۇرىدۇ. كىتابنى ۋاراقلىغىنىڭىزدا، ئىنسان كۈچىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنى قېزىش، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ ئادەمنى نۇرانە مەنزىللەرگە باشلايدىغان روھىي مۇساپە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىسىز. ئاپتور ئاشۇ بىر قاتار ھېس- تۇيغۇلىرىنى، پىكىرلىرىنى سىزگە يېقىن بىر جايدا شىۋىرلاپ ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك، يىراقلاردا تۇرۇپ ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن غايىبانە پىچىرلىشىۋاتقاندەك بىر تەرىزدە، يەڭگىل ئۇسلۇبتا قەلەمگە ئالىدۇ.

ئاپتور كىتابىدا ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىنى نامايان قىلغان بولۇپ، جەمئىيەتشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، ئەخلاقشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق، پسىخولوگىيە پەنلىرىنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ياشاش ئەندىزىمىز، مۇرەككەپ جەمئىيەت قوينىدىكى روھىي ھالىتىمىز، جەمئىيىتىمىزدىكى شەھەرلىشىش، زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە يېڭىچە بىر مېتودتا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. بىز جاۋابىنى ئىزدەۋاتقان خىلمۇخىل نۇقتىلار ھەققىدىكى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان تەلقىنلىق بايانلىرى ئارقىلىق بىزگە بىر قېتىملىق ئىدىيە يېڭىلاش، قاسراق تاشلاش، ئۆزىمىزنى تونۇش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. كىتاب نوقۇل ھالدا مەلۇم ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىنى تۇتقا قىلىپ يېزىلمىغان بولغاچقا، كەڭ ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنىڭ ــ ئىلىم تەتقىقاتچىلىرىنىڭ، ھەرقايسى قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىشنى ئويلاۋاتقان ياكى تىل ئۆگىنىۋاتقان ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ، ئورگان خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدۇ. ئىشىنىمىزكى، بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىتابخان بىر قېتىملىق ئۆزىنى يېڭىلاش ۋە تەپەككۇرنى قوزغىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.

كىتاب ھەر قايسى جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرى ۋە شەخسىي كىتابخانىلاردا سېتىلىدۇ.

كوللېكتېپ ۋە توپ سېتىۋالغۇچىلار   تۆۋەندىكى نومۇر بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ.

ئالاقىلىشىش نومۇرى:

13899984346

 

]]>
?feed=rss2&p=11672 5
2012- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى كىمگە مەنسۇپ؟ ?p=11107 ?p=11107#respond Fri, 31 Aug 2012 11:34:17 +0000 ?p=11107

2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى كىمگە مەنسۇپ؟


شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دائىمىي كاتىپى پېتېر نلۇند ئالدىنقى ھەپتە بلوگىدا 2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزات تونۇشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى، بۇ يىل دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن جەمئىي 210 يازغۇچىنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 46 يازغۇچىنىڭ تۇنجى قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

كاتىپ پېتېر نلۇندنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل ئالاھىدە يىل بولۇپ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ بولغان يازغۇچىلار نامزات كۆرسىتىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشتە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قىزغىن بولغان.

ئىلگىرى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچىلاردىن باشقا شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكادېمىكلىرى، دۇنيا مىقياسىدىكى بىر قىسىم تىل- ئەدەبىيات پروفېسسورلىرى ھەمدە دۆلەت دەرىجىلىك يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىمۇ نامزات كۆرسىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

نامزات كۆرسىتىش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، نوبېل كومېتېتى مەخپىي كېڭىشىش باسقۇچىغا كىرگەن. بۇ يىل 4- ئايدا بۇ 210 نامزاتنىڭ ئىچىدىن 190 كىشى شاللىۋېتىلىپ، قېپقالغان 20 يازغۇچى قايتا باھالانغان، بۇنىڭدىن يەنە 15 يازغۇچى شاللىنىپ 5 يازغۇچى ئېشىپ قالغان. ئەڭ ئاخىرقى مۇشۇ 5 نامزاتقا نوبېل كومېتېتى مەخپىي بىلەت تاشلايدىكەن، 10- ئاينىڭ بېشىدا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى تاللىنىدىكەن.

باھالاش- مۇكاپاتلاش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئالدىنقى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك كېڭىشىش جەريانى 50 يىلدىن كېيىن سىرتقا ئېلان قىلىنىدىكەن، ئەڭ ئاخىرقى بىلەت تاشلاش تەپسىلاتى مەڭگۈ سىر پېتى ساقلىنىدىكەن.

2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن يازغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

Haruki Murakami 10/1
Mo Yan 12/1
Nooteboom 12/1 Cees
14/1  Ismail Kadare
Adonis 14/1
Ko Un 14/1
Dacia Maraini 16/1
Philip Roth 16/1
Cormac McCarthy 16/1
Amos Oz 16/1
Alice Munro 20/1
Enrique Vila-Matas 20/1
Eduardo Mendoza Garriga 20/1
Les Murray 20/1
Ngugi wa Thiog’o 20/1
Chinua Achebe 20/1
Assia Djebar 20/1
Thomas Pynchon 20/1
Umberto Eco 25/1
Leonard Nolens 25/1
Mircea Cartarescu 25/1
Adam Zagajewski 33/1
Karl Ove Knausgard 33/1
Don DeLillo 33/1
Peter Nadas 33/1
Nurridin Farah 33/1
Joyce Carol Oates 33/1
E L Doctorow 33/1
Bob Dylan 33/1
Merethe Lindstrom 50/1
Andrea Camilleri 50/1
Chimamanda Ngozi Adichie 50/1
Chang-Rae Lee 50/1
Ian McEwan 50/1
Margeret Atwood 50/1
Gerald Murnane 50/1
Peter Carey 50/1
Bei Dao 50/1
Antonio Lobo Antunes 50/1
Ernesto Cardenal 50/1
Yves Bonnefoy 50/1
Michel Tournier 50/1
Maya Angelou 50/1
Mahasweta Devi 50/1
A B Yehoshua 50/1
Azar Nafisi 66/1
Dai Sijie 66/1
Daniel Kahneman 66/1
Javier Marias 66/1
Kazuo Ishiguro 66/1
Ursula Le Guin 66/1
David Malouf 66/1
Hanan Al-Shaykh 66/1
Salman Rushdie 66/1
Ben Okri 66/1
Herman Koch 66/1
Tom Stoppard 66/1
Colm Toibin 66/1
Claudio Magris 66/1
A S Byatt 66/1
Milan Kundera 66/1
Patrick Modiano 66/1
Juan Marse 66/1
William H Gass 66/1
Yevgeny Yevtushenko 66/1
Julian Barnes 66/1
F Sionil Jose 66/1
John Ashbery 66/1
Ulrich Holbein 100/1
Atiq Rahimi 100/1
Kjell Askildsen 100/1
Jon Fosse 100/1
Michael Ondaatje 100/1
Paul Auster 100/1
Eeva Kilpi 100/1
Vassilis Alexakis 100/1
Mary Gordon 100/1
Marge Piercy 100/1
Jonathan Littell 100/1
Juan Goytisolo 100/1
Anne Carson 100/1
Elias Khoury 100/1
Shlomo Kalo 100/1
William Trevor 100/1
Peter Handke 100/1
Victor Pelevin 100/1
Ferreira Gullar 100/1
Antonio Gamoneda 100/1
Louise Gluck 100/1
John Banville 100/1
Rajendra Bhandari 100/1
Jonathan Franzen 100/1
Christian Jungersen 100/1
Sofi Oksanen 100/1
Shyam Selvadurai 100/1
Roberto Saviano 100/1
Olga Tokarczuk 100/1
Leila Aboulela 100/1
Daniel Chavarria 100/1
Anna Funder 100/1
Tim Winton 100/1
Peter Hoeg 100/1
Gosta Agren 100/1
Michael Frayn 100/1
Carol Ann Duffy 100/1
Tadeusz Rozewicz 100/1
Per Petterson 100/1

 

]]>
?feed=rss2&p=11107 0