چەتئەل ئەدەبىيات بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر – پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى http://www.pasahet.net Fri, 04 Nov 2016 04:54:31 +0000 ug-CN hourly 1 1915- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: رومىن روللاند ?p=11881 ?p=11881#respond Tue, 19 Nov 2013 17:24:10 +0000 ?p=11881 (ئەسكەرتىش: 1914- يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبلىك نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلمىغان)

1915- يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى
رومىن روللاند
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى: «جون كرىستوف» (Jean-Chistophe)
(بىر «تالانتلىق» كومپوزىتورنىڭ كۈرەش قىلىپ داڭ قازانغان ھاياتى)

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

مۇكاپاتلاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ باھاسى:
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يۈكسەك غايە، ئوخشىمىغان پېرسوناژلارغا تۇتقان ھېسداشلىقى ۋە ھەقىقەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىگە مەدھىيە ئوقۇيمىز.
مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە
رومىن روللاند (Romain Rolland, 1866- 1944) 1866- يىلى 29- يانۋاردا فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئېگىزلىكىدىكى كرامىش دېگەن بىر كىچىك بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن. 15 يېشىدا ئاتا- ئانىسىغا ئەگىشىپ پارىژغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1899- يىلى فىرانسىيە پارىژ ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۆمۈرلۈك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. كېيىن ئىتالىيەگە بېرىپ رىم فىرانسىيە ئارخېئولوگىيە مەكتىپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. فىرانسىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پارىژ ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپى ۋە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سەنئەت تارىخىدىن دەرس ئۆتكەن، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ بۇ مەزگىلدىكى دىراممىلىرىدا كۆپىنچە تارىختىكى قەھرىمانلىققا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار باش تېما قىلىنىپ، «ئىنقىلابىي دىرامما» ئارقىلىق كونا دىرامما سەنئىتىگە قارشى تۇرۇش مۇددىئا قىلىنغان. ئاددىي، ھەشەم- دەرەم، دەبدەبىدىن خالىي ئۇسۇلدا دەۋرنىڭ بوران- چاپقۇنلىرىدا ئادالەتكە، نۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن زىيالىيلارنىڭ ئوبرازىنى سۈرەتلەپ بېرىش رومىن روللاندنىڭ ئاساسلىق بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتىدۇر. ئۇ خەلقئارادىكى تەسىرى ناھايىتى زور يازغۇچى، شۇنداقلا مەشھۇر ئىجتىمائىي پائالىيەتچى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھۆرلۈكى، دېموكراتىيە ۋە پارلاق مەنزىل ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئېگىلمەي- سۇنماي كۈرەش قىلغان.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى ئۈستىدە تەھلىل
«جون كرىستوف» ئەسلى 10 توملۇق، 2000 بەتلىك رومان بولۇپ، روماندا بىر مۇزىكانتنىڭ سەنئەتتىكى يۈكسىلىش جەريانىدىكى ناھايىتى ئىخلاس بىلەن يازغان خاتىرىلىرى تەسۋىرلەنگەن.
كرىستوف بىر مۇزىكانتلار ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ، رېپتىتسىيە قىلىش، ئويۇن قويۇش، مۇزىكا ئىشلەش، دەرس ئۆتۈش، ئۆگىنىش ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئايلىنىپ كەتكەن. دادىسى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلار ئاددىي بىر تۇرالغۇغا كۆچۈپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كرىستوف بىر قاتار مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، لېكىن ئۇ ئىنتىلگەن شۇ مۇھەببەت ھەدېسىلا بەختسىزلىك بىلەن تۈگەللىنىدۇ. ئۇ قاتتىق غەيرەتكە كېلىپ بىر داڭلىق پېشقەدەم ئۇستازنى باھالاپ پىكىر بەرگىنى ئۈچۈن ئوردىدىكى مەرتىۋىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ- دە، گېرمانىيەدىن باش ئېلىپ چىقىپ كېتىش قارارىغا كېلىدۇ. يېزىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر تانسا كېچىلىكىدە ئۇ روكىن ئىسىملىك بىر سەھرا قىزىغا بولۇشۇپ مەست بولۇپ قالغان بىر ئەسكەرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ پارىژغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. كرىستوف پارىژغا بارغاندىن كېيىن بۇ يەرگە كۆنۈشنىڭ تەسلىكىنى بايقايدۇ. ئۇ پۇلدار، جاھاندىن سەسكەنگەن بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىگەن مۇزىكىلىرى دەسلەپتە ئانچە قارشى ئېلىنمايدۇ. بىر كۈنى كەچتە كىشىلەر ئۇنىڭغا ئولىۋ ئىسىملىك بىر ياش ئەدىبنى تونۇشتۇرۇپ قويىدۇ، ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان كرىستوف مۇزىكىسىنىڭ سادىق چوقۇنغۇچىسى ئىدى. ئولىۋ ئوبزور يېزىپ ئۇنىڭ ئابرويىنىڭ تىكلىنىشىگە ياردەم قىلىدۇ، شۇنداقلا يەنە بىر مۇھىم نامسىز شەخس ئۇنى ئاستىرىتىن قوللايدۇ. بىر نەچچە يىلغا بارمايلا ئۇ فىرانسىيە ئىچى- سىرتىدىكى يېڭىچە مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم كومپوزىتورغا ئايلىنىدۇ. ئولىۋنىڭ ياگرىنا بىلەن بولغان تويى سەۋەبلىك بۇ ئىككى دىلكەش دوستنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدۇ. لېكىن ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى ئاستىرىتىن قوللىغان نامسىز شاپائەتچىسى گىرازىيانى تېپىۋالىدۇ، گىرازىيا بۇ چاغدا ئاۋسترىيە ئەلچىسىنىڭ كاتىپى بىلەن توي قىلىپ بولغانىدى. ياگرىنا ئولىۋدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ ۋە كرىستوف بىلەن بىللە 1- ماي بايرىمى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بىر تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، تەبرىكلەش مۇراسىمى بىر توپىلاڭغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئولىۋ پىچاق يەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. كرىستوف بىر ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ فىرانسىيەدىن قېچىپ كېتىدۇ. كرىستوف شىۋېتسارىيەدە قېچىپ يۈرگەن مەزگىلىدە تۇل ئۆتۈۋاتقان گرازىيانىڭ ياردىمىدە 10 يىل مول نەتىجىلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. گرازىيا بىلەن كرىستوف ئىككىسى توي قىلمىغان بولسىمۇ لېكىن بىر- بىرىنى توختىماي قوللايدۇ، بىر- بىرىگە تەسەللىي بېرىپ چوڭقۇر دوسلۇق رىشتىسى ئورنىتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا گرازىيا مىسىردا جان ئۈزۈپ، چىن دىلىدىن سۆيگەن مەشۇقى كرىستوفتىن مەڭگۈگە ئايرىلىدۇ. كرىستوفمۇ ھەقىقىي سەنئەتكار سۈپىتىدە پارىژدا مۇرەسسەسىز ياشاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى
«جون كرىستوف»، رومىن روللاند (فىرانسىيە)، فۇ لېي تەرجىمىسى، خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى، 1957- يىل نەشرى
«ئانا ۋە بالا»، رومىن روللاند (فىرانسىيە)، لو داگاڭ تەرجىمىسى، خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى، 1980- يىل نەشرى
مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى
«‹جون كرىستوف› يالغۇز رومانلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ بىر بۈيۈك تارىخىي ئېپوسى.»                        ـــ فۇ لېي
ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى
1898- يىل: «بۆرە پادىسى» (دىرامما)
1900- يىل: «دانتون» (دىرامما)
1902- يىل: «14- ئىيۇن» (دىرامما)
1903- يىل: «بېتخوۋىننىڭ تەرجىمھالى» (دىرامما)
1904- يىل: «جون كرىستوف» (رومان)
1906- يىل: «مىلانجىلونىڭ تەرجىمھالى» (بىيوگرافىيە)
1911- يىل: «تولستوينىڭ تەرجىمھالى» (بىيوگرافىيە)
1919- يىل: «كورا برانىيو»
1922- 1933- يىل: «ئانا ۋە بالا» (رومان)
1931- يىل: «ئۆتمۈش بىلەن ۋىدالىشىش» (سىياسىي ئوبزور)
1939- يىل: «روبىسپىر» (دىرامما)، «قەلب يولى مەنزىلى» (ئەسلىمە)
شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر
فىرانىس (فىرانسىيە)
ۋېرخارېن (بېلگىيە)
ھايدىنىستام (گېرمانىيە)
رومىن روللاند (فىرانسىيە)

]]>
?feed=rss2&p=11881 0
سىگمۇند فرېئۇد كىم؟ ?p=11315 ?p=11315#comments Fri, 19 Oct 2012 11:40:49 +0000 ?p=11315 سىگمۇند فرېئۇد كىم؟

ئۇيغۇرزادە

سىگمۇند فرۇئېد (1856-1941) يەھۇدىي، ئاۋستىرىيەلىك مەشھۇر پسىخولوگ، پسىخولوگىيەدىكى پسىخىك ئانالىز (Psychoanalysis) پىكىر ئېقىمىنىڭ پېشۋاسى. ئۇنىڭ ھازىرقى، بۈگۈنكى زامان ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدە  تەسىرى كۈچلۈك. مەن بىلىدىغان ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «چۈش تەبىرى»، «خام خىيالنىڭ ئەتىسى» (دىن خام خىيال دېمەكچى)، «مەدەنىيلىشىش ۋە ئۇنىڭ ئىزتىراپلىرى»، «پىسخىك ئانالىز لېكسىيەلىرى» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ھەممە قاراشلىرىنى بۇ كىچىككىنە ئىنكاستا دەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ پۈتكۈل قاراشلىرىنىڭ يادروسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر قانچە نۇقىتنى يىغىنچاق قىلىپ ئەسلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى بار.

سىگمۇند فرۇئېد ئاساسىنى سالغان پىسخىك ئانالىز پىكىر ئېقىمى ئادەم پسىخكىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە رولىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر نەزەرىيە سىسىتېمىسى بولۇپ، پىسخولوگىيە ساھەسىدە پسىخىكىلىق تەڭپۇڭسىزلىقلارنى تەھلىل قىلىشتا كۆپ ئشىلىتىلىدۇ. بۇ نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ كارل يۇڭ (Carl Jung) فرۇئېدتىن دۇكان ئايرىپ چىققان قىسىمى ئانالىتىك پىسخولوگىيە دەپ ئاتىلىدۇ (بۇ تارماقتا چۈشىنىشكە تېگىشلىك ئاچقۇچلۇق ئۇقۇملاردىن كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق، ئانا تىپ قاتارلىقلار بار)؛ ئالفرېد ئادلېر دۇكان ئايرىپ چىققان قىسىمى ئۆزلۈك پىسخولوگيىسى دەپ ئاتىلىدۇ (چۈشىنىشكە تېگىشلىك ئۇقۇملاردىن كەمسىنىش ۋەسۋەسىسى قاتارلىقلار بار)؛ ئېرك ئېركسون، ئېرىخ فروملار دۇكان ئايرىپ چىققان قىسىمى ئىجتىمائىي كونتېكستقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە «نيو-فرېئۇدىيەنىزىم» دەپ ئاتىلىدۇ.

سىگمۇند فرۇئېدنىڭ قارىشى ھازىر ئۆگەنگۈچىلەرگە يېڭىلىق ئەمەس. ئۇنىڭ ھەممە نەرسىنى چۈش، جىنسىيەت، يوشۇرۇن ئاڭ، ئودېپوس ۋەسۋەسىسىگە باغلايدىغانلىقىمۇ سەللا كىتاب ئوقۇغانلارغا سىر ئەمەس. ئۇنىڭ ئاساسلىق قاراشلىرى  تاھىر ھامۇتنىڭ كىتابىدا، داۋۇتجان ئوبۇلقاسىمنىڭ «قۇمۇل ئەدەبىياتى» دا ئېلان قىلغان  ماقالىسىدە تېپلىدۇ، توردىمۇ تېپىلىدۇ. ۋاقىت ئېھتىياجى بىلەن فرېئۇدنىڭ  خاتا قاراشلىرىنى تەنقىدىي نۇقتىدىن كۆپرەك تەھلىل قىلىمىز.

بىرىنچى، فرۇئېد دىنغا ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ، ئەشەددىي دىنسىز؛ ھەممە نەرسىنى جىنسيەتكە، بېسىلغان ئارزۇغا باغلايدۇ؛ ئەينى ۋاقىتتا تەقۋادار يەھۇدىيلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. مەسىلەن، ئۇ دىننى ئەشەددىي سۆكۈپ يازغان «خام خىيالنىڭ كەلگۈسى» (Future of Illusion) ناملىق كىتابىدا «دىن ـــ ئالدامچىلىق» دەپ ئېنىق تەكىتلەيدۇ. «مەدەنىيلىشىش ۋە ئۇنىڭ ئىزتىراپلىرى»( Civilization and Its Discontents) ناملىق كىتابىدا «ئادەملەرنىڭ بەختسىزلىكىگە مەدەنىيلىشىش جەريانى سەۋەبچى» دەپ يازىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ دىن ھەققىدە دېگەن گەپلىرى بەكمۇ چېكىدىن ئاشقان بولۇپ، مۇسۇلمانلار تۇرماق، يەھۇدىيلارمۇ بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. مەسىلەن، بىز پاكىت ئۈچۈن ئۇنىڭ دىننى سۆكۈپ يازغان «خام خىيالنىڭ كەلگۈسى» قاتارلىق كىتابلىرىدىكى قاراشلارغا قانداق باھا بېرىلگەنلىكىگە قاراپ باقايلى

 

Freud regarded the monotheistic god as an illusion based upon the infantile emotional need for a powerful, supernatural pater familias; and that religion — once necessary to restrain man’s violent nature in the early stages of civilization — in modern times, can be set aside in favor of reason and science.

Totem and Taboo (1913) proposes that society and religion begin with the patricide and eating of the powerful paternal figure, who then becomes a revered collective memory

تەرجىمىسى: فرۇئېدنىڭ قارىشىچە، يەككە خۇدا (ئاللاھ) ئادەمنىڭ بوۋاق دەۋرىدىكى كۈچلۈك، غايىبانە بىر دادىغا بولغان تەلپۈنۈشىدىن پەيدا بولغان خام خىيالىدۇر .دىن ئادەمنىڭ زوراۋان تەبىئىتىنى چەكلەپ تۇرۇش ئۈچۈن مەدەنىيلىشىش جەريانىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا  پەيدا بولغان بولۇپ، زامانىۋى دۇنيادا ئەقىل ۋە ئىلىمگە ئورۇن بوشىتىشى  كېرەك.

ئۇنىڭ «توتېم ۋە پەرھىز» ناملىق كىتابىدا قارىشىچە، ئەڭ دەسلەپتە جەمئىيەت ۋە دىن ئاتىنى ئۆلتۈرۈش، يېيىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، بۇ سەرگۈزەشتە كېيىن ھەممە ئورتاق ھۆرمەت قىلىدىغان كوللېكتىپ ئەسلىمىگە ئايلانغان.

فرۇئېدنىڭ بۇ قارىشىغا  باشقىچە نۇقتىدىن قويۇلغان قاراشلارنى رەددىيە كەلتۈرۈش مۇمكىن (بۇ تېمىغا ئىلمىي نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىندى، شۇڭا مەسىلە دىنشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىنمىدى). مەسىلەن، ئىنسانشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە تەسىرى فرۇئېدتىن  يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان ئېمېل دۇركايىم (Emile Durkheim) ئۆزىنىڭ «دىنىي ھاياتنىڭ دەسلەپكى شەكىلللىرى» (Early Forms of Religious Life) ناملىق كلاسسك كىتابىدا دىننىڭ بىر جەمئىيەتتىكى رولىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ. مەسىلەن، دۇركايىم مۇنداق دەيدۇ:

دىن ـــ مۇقەددەس ئوبيېكتلارنى چۆرىدەپ بارلىققا كەلگەن، بىرلىككە كەلگەن ئەقىدە ۋە ھەرىكەت سىستېمىسى. ھەر قانداق بىر دىنىي ئەقىدە قانچىلىك ئاددىي ۋە مۇرەككەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر ئورتاق خاراكتېرگە ئىگە، يەنى ھەممە دىنلاردا ھالال-ھارام (sacred and profane) چۈشەنچلىرى بولىدۇ ۋە مۇشۇ چۈشەنچىلەر بىر جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى مەۋجۇدلۇقىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. جەمئىيەت بىر خىل روھىي تەرتىپ بولۇپ،  كىشىلەرنىڭ ئاساسىي پىكىر- ئويلىرىنىڭ مەركىزىدە دىنىي چۈشەنچىلەر بولىدۇ. جەمئىيەت دىنىي ئەقىلەرنىڭ مەھسۇلى. دىني رىشتە دېمەك ـــ كوللېكتىپ رىشتە دېمەكتۇر.

بىز قارىساق، سىگمۇند فرۇئېدنىڭ ئىنسانشۇناسلىق ساھەسىدە قوبۇل قىلىنمىغان دىن ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن كۆرە، دۇركايىمنىڭ دىننىڭ رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن قاراشلىرىنىڭ ھازىرقى زامانغا ۋە پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ رېئاللىقىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقايمىز. يەنى دۇركايىم ھەرگىز سىگمۇند فرۇئېدتەك دىننى ئالدامچلىق دەپ قارىمايدۇ.

فرۇئېد ئىدىيىلىرى ھازىر پىسخولوگىيەدە ئاساسلىق ئېقىم ئەمەس. پىسخىك ئانالىزنى تەنقىد قىلغان ئامېرىكا پسىخولوگى سىكىننىېر باشچىلىقىدا بارلىققا كەلگەن ئىككىنچى كۈچ (second force) ھەرىكىتىدىكى يادرولۇق ئەسەرلەرنى ئوقۇساق، كارل روگېرس، ماسلوۋلار ۋەكىللىكىدىكى ئۈچىنچى كۈچ (third force) ھەرىكىتىدىكى يادرولۇق ئەسەرلەرنى ئوقۇساق،  فرۇئېدنىڭ خاتالىقلىرى ۋە پسىخىك ئانالىزىنىڭ سەۋەنلىكلىرى شۇ ھامان ئايان بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ھازىر مودا بولۇۋاتقان تۆتىنچى كۈچ ـــ تەجرىبىچىلىك پسىخولوگىيەسى (Positivist Psychology) دىكى بىلىش نەتىجىلىرىنى ئوقۇساق، ئوخشاشلا  فرۇئېدنىڭ جىنىسيەت، چۈش، يوشۇرۇن ئاڭ ھەققىدىكى قاراشلىرىنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ ئسپاتلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقايمىز.

سىگمۇند فرۇئېدنىڭ خاتالىقلىرى ھەققىدە يەنە پاكىت كۆرسىتىش ئۈچۈن تەسىرى ئۇنىڭدىن قېلىشمايدىغان مۇتەپەككۇر، ئالىملارنىڭ فرۇئېدقا بەرگەن تەنقىدىي باھاسىنى كۆرۈپ باقايلى:

Peter Medawar, a Nobel Prize winning immunologist, made the oft-quoted remark that psychoanalysis is the ”most stupendous intellectual confidence trick of the twentieth century

تەرجىمىسى:

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مىدېتسىنا ئالىمى پېتېر مېداۋار فرۇئېدقا مۇنداق باھا بەرگەن :پىسىخىك ئانالىز 20- ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئىلىم ئالدامچىلىقى.

تەسىرى فرۇئېدتىن قېلىشمايدىغان داڭلىق پەيلاسوپ كارل پوپپېر  بەك مۇھىم مۇتەپەككۇر بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بەرگەن:

Karl Popper  argued Freud’s psychoanalytic theories were presented in unfalsifiable form, meaning that no experiment or observation could ever prove them wrong

تەرجىمىسى: كارل پوپپېر فرۇئېدنىڭ پىسخىك ئانالىز نەزەرىيەسىنىڭ خاتالىقىنى تەجرىبە ياكى كۆزىتىش ئۇسۇلى بىلەن ئسىپاتلىغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ نەزەرىيەسى مۇكەممەللىك تونى كىيىۋالغان.

سىگمۇند فرۇئېدنى ئەڭ سېستمىلىق تەنقىد قىلغان يەنە بىر بۈيۈك پىسخولوگ خەنس ئېيسېنىك ئۇنى مۇنداق ئەيبلىگەن:

Hans Eysenck claims that Freud ”set psychiatry back

one hundred years

تەرجىمىسى: فرۇئېد پىسخىكىلىق داۋالاشنى يۈز يىل كەينىگەچېكىندۈرۈۋەتتى.

ھەيرانمەن، كىشىلەر نېمىشقا پسىخولوگىيە توغرۇلۇق چوڭقۇر ساۋادقا ئىگە بولماقچى بولسا ئاۋۋال پۈتكۈل پىسخولوگىيە تارىخىنى ياكى پسىخولوگىيە تارىخىدىكى جىمى نامايەندە خاراكتېرلىك مۇتەپەككۇرلارنى تولۇق تونۇشتۇرۇپ بولۇپ ئاندىن يەككە پىسخولوگلارغا  ئۆتمەيدىغاندۇ؟ بەزىلەر 20 يىل بولدى، گويا پىسخولوگىيە تارىخىدا باشقا مۇتەپەككۇر يوقتەك فرۇئېدقا ئېسىلىشتى. يەنە كېلىپ، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىنى جىنسيەتكە تاقايدىغان يەرلىرىگە خۇشتار بولۇشتى، تونۇشتۇرغانلار ئۇنىڭ نېمە سەلبىي ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچلىكىنى يوشۇردى؛ ئۇنىڭغا ئاشىق بولغانلار پەقەت ئۇنىلا چوڭ بىلىپ، ئۇنىڭ ئىدىيەسىنىڭ نېرى- بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا تەشۋىق قىلدى. ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى 20 يىلدىن بۇيان بىر ياكى بىر- ئىككى مۇتەپەككۇرغا بۇنداق كۈچەپ، بۇنداق كانىدەك چاپلاشمىغان! مېنىڭ قارشى چىقىۋاتقىنىم دەل مانا مۇشۇنداق ئىدىيە تەسلىمچىلىكى.

مەن چەت ئەل مۇتەپەككۇرلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا قارشى ئەمەس! لېكىن، نېمىدەپ ئاۋۋال پسىخولوگىيەدىن ئاساس خاراكېترلىك تونۇشتۇرۇش ئشىلەنمەي تۇرۇپ، فرۇئېدتەكلا مۇھىم بولغان يەنە 50 دەك پسىخولوگ تونۇشتۇرۇلماي تۇرۇپ، نېمىشقا پەقەت ۋە پەقەت فېرۇئېدنىلا تونۇشتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ قېنى، ئۇنى تەنقىد قىلغان پىسخولوگلارنىڭ ئىدىيەلىرىنى تەنقىد قىلغۇچىلار تەرجىمە قىلىندىمۇ؟ سىكىنېرچۇ؟ كارل روگېرسچۇ؟ ماسلوۋچۇ؟ گوردون ئالپورتچۇ؟ ئېينسېنكچۇ؟ ئۇلارنىڭ تەسىرىمۇ پسىخولوگىيە ساھەسىدە شۇنداق چوڭقۇر…

ئۇلار نېمشىقا تونۇشتۇرۇلمىدى؟ فرۇئېدنىڭ ھەممە نېمىنى ئىنساننىڭ قاراڭغۇ تەرىپىگە تاقىۋېلىشىغا قارشى چىققان كارل يۇڭچۇ؟ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ چىققان ئالفرېد ئادلېرچۇ؟ نېمشىقا تونۇشتۇرۇلمىدى؟

فرۇئېد بەك مۇھىم مۇتەپەككۇر، ئەمما چارلېز دارۋېىندەكلا  مۇتەپەككۇر. خۇددى دارۋېننىڭ نۇرغۇن يەرلىرى توغرا بولسىمۇ، ئۇنى مەدەنىيەت كىملىكى تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى بولمىغىنىدەك، ئەمدى فرۇئېدنىمۇ يەككە يوسۇندا، ئايرىم يوسۇندا تونۇشتۇرۇش توغرا ئەمەس. ھازىر فرۇئىد ۋەكىللىكىدىكى پىسخىك ئانالىزى پسىخولوگىيە ئىلمىدە ئاساسىي ئېقىم ئەمەس. يازغۇچى سىگمۇند فرۇئېدنىڭ غەرب سانائەت، كاپىتالىزم جەمئىيىتىگە تەدبىقلانغان نەزەرىيەلىرىگە زىيادە خۇشتار بولۇش جىمى مەسىلىنىڭ مەنبەسى. فرۇئېدنى مۇسۇلمان قەۋمىگە تەدبىقلاشتا ستراتېگىيە ئشىلەتمەي، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى نەزەرگە ئالماي بولمايدۇ. فرۇئېدنىڭ ئاخىرى بىر جاڭگال! ئۇ بىر سازلىق! بۇ سازلىقتىن چىقايلى! سازلىقنىڭ نېرىسىدا يەنە باشقا دۇنيا بار! ئاشۇ باشقا دۇنيامۇ بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ!

 Sir Peter Medawar

فرۇئېدنىڭ پىسخىك ئانالىزىنى 20-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق دېگەن ئالىم. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 Hans Eysenck

فرۇئېدنى شىددەتلىك تەنقىدلىگەن يەنە بىر داڭلىق پىسخولوگ.

ئاتالغۇ ۋە ئادەم ئىسىملىرىنىڭ ئىنگلىزچىسىنى توردىن ئىزدەپ ئۆگەنگۈچىلەرگە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن قوشۇپ قويدۇم.

Psychoanalysis    پىسخىك ئانالىز

Sigmund Freud   سىگمۇند فرېئۇد

Analytic Psychology ئانالىتىك پسىخولوگىيە

Ego Psychology ئۆزلۈك پىسخولوگىيىسى

Neo-Freudianism يېڭى فرۇئىدىيەنىزم

Carl Jung كارل يۇڭ

 Alfred Adler  ئالفرېد ئادلېر

Erik Erickson  ئېرك ئېركسون

Erich Fromm ئېرخ فروم

Erik Erickson ئېرك ئېركسون

Erich Fromm ئېرخ فروم

]]>
?feed=rss2&p=11315 1
سىلۋىيە پلاس كىم؟ ?p=11311 ?p=11311#comments Fri, 19 Oct 2012 11:38:55 +0000 ?p=11311 سىلۋىيە پلاس كىم؟

ئۇيغۇرزادە

سىلۋىيە پلاس-ئامېرىكىنىڭ مودېرنىستىك ئاڭغا ئىگە مەشھۇر شائىرەسى ھەم يازغۇچىسى. شېئىرنى ياخشى يازىدۇ، نەسرىي ئەسەرمۇ يازغان. ئۇنىڭ «قوڭغۇراق ئىدىش» ناملىق يېرىم بىئوگرافىيە خاراكېترلىك رومانىدا شائىرەنىڭ ئۆزى پروتوتىپ قىلىنغان  باش پېرسوناژ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. قىزىق يېرى، ئاپتور سىلۋىيە پلاسمۇ بۇ روماننى يېزىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. نېمىشقا؟

بىر نەچچە تۈرلۈك سەۋەب بار. بىرى، شائىرەنىڭ ئېرى خۇگمۇ شائىر بولۇپ، تويدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېسسىيات كرىزىسى كۆرۈلىدۇ. يەنە كېلىپ، شائىرەنىڭ غايىسى بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىددىيەت كۆرۈلىدۇ. شائىرە ئاخىرى تېخى بوۋاقلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرمىغان ئىككى بالىسىنى تاشلاپ، ئاشخانىسىدىكى گاز ئوچىقىغا بېشىنى پۈركەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن شائىرغا روھىي كېسەل دەپ دېئاگنوز قويۇلغان. شائىر ئۆلۈۋېلشىتىن بۇرۇن پىسخىكىلىق كېسەللەر ئىچىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق قاتىل ـــ غەمكىنلىك كېسلى  (depression)گە گىرىپتار بولغان.

سەنئەت ساھەسىدە بىر تۈركۈم رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قالغان سەنئەتكارلار بولىدۇ. ئۇلار ئۆز دۇنياسىغا چۆكۈۋېلىپ  ئاخىرى رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بەزىلىرى ئۆلۈۋېلىش يولىنى تاللىۋالىدۇ ھەم «ئۆلۈۋېلىش ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئۇمۇ بىر سەنئەت» دېگەن قاراشنى تەرغىپ قىلىدۇ.

سىلۋىيە پلاس بىر شېئىرىدا ئۆلۈۋېلىش ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ:

 

Dying

Is an art, like everything else
I do it exceptionally well
I do it so it feels like hell
I do it so it feels real

I guess you could say

I’ve a call

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى: (شېئىر تەرجىمسى ئاساسىي مەقسەت بولمىغاچقا، ئۇنىڭدىكى شېئىرىي مۇھىتقا چۆكۈش ئۈچۈن ۋاقىت سەرپ قىلمىدىم)

ئۆلۈش،

سەنئەتتۇر سەنئەت ھەممە نەرسىدەك.

مەن ئۆلۈۋېلىشنى قاملاشتۇرالايمەن.

ئۆلىمەن، ئۆلۈم دوزاخقا ئوخشايدۇ

ئۆلىمەن، ئۆلۈم چىنلىقتۇر.

بەلكىم سىز ئويلارسىز،

سىلۋىيەگە ۋەھىي كەلدى دەپ.

(سىلۋىيە پلاسنىڭ دوستى ئالۋارېزنىڭ «ئۆلۈۋېلىشنى چۈشىنىش» ناملىق كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىدىن ئېلىندى)

بۇ مىسرالارنىڭ ئاپتورى، شائىر سىلۋىيە پلاس بايا دېگىنىمىزدەك ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا روھىي كېسەلگە گرپتار بولغان. سىلۋىيە پلاسنىڭ «قوڭغۇراق ئىدىش» (Bell Jar) ناملىق چەكسىز چۈشكۈنلۈك يېغىپ تۇرىدىغان رومانى شائىرەنىڭ ئۆلۈمىدىن 8 يىل كېيىن، يەنى 1971- يىلىلا ئامېرىكىدا نەشر قىلىنغان. 1963- يىلى باشقا دۆلەتتە نەشر قىلىنغان كىتاب ئامېرىكىدا چەكلىنىدۇ.

شائىرە سىلۋىيە پلاس ۋە ئۇنىڭ «قوڭغۇراق ئىدىش» ناملىق رومانىنىڭ رەسىمى

ئۇنىڭ «قوڭغۇراق ئىدىش» ناملىق رومانىنىڭ مۇقاۋىسى (بۇ رومان خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان، مەن 2006- يىل قىشتا ئۈرۈمچى نەنمېن كىتابخانىسىدىن سېتۋالغان)

]]>
?feed=rss2&p=11311 1
ئاڭ ئېقىنى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەسەرلەر قانداق بولىدۇ؟ ?p=11308 ?p=11308#respond Fri, 19 Oct 2012 11:36:31 +0000 ?p=11308 ئاڭ ئېقىنى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەسەرلەر قانداق بولىدۇ؟

ئۇيغۇرزادە

بۇ ھەقتە توختىلىشتىن بۇرۇن ئەدەبىيات پروفېسسورلىرى تۈزگەن مەنبەلەردە ئاڭ ئېقىنى ئۇقۇمىغا قانداق ئېنىقلىما بېرىلگەنلىكىگە قاراپ باقايلى:

Stream of consciousness refers to a method and subject matter of narrative fiction that attempts to represent the inner workings of a character’s mind at all levels of awareness, to recreate the continuous, chaotic flow of half-fromed and discontinuous thoughts, memories, sense impressions, random associations,  images and feelings and reflections. It less emphasizes plot, avoids from intrusive authorial commetary to focus on the character’s iner thoughts and feelings 

from ”NTC’s Dictionary of Literary Terms, pp.212

edited by Kathleen Morner, Ralpth Rausch, 1991, McGraw Press

يۇقىرىقى ئىنگلىزچە تەبىردىن شۇنسى ئايان بولۇپ تۇرۇپتىكى، مودېرنىزم ئەدەبىياتىدىكى ئاڭ ئېقىنى مودېرنىزملىق ئەدەبىياتقا خاس نەسرىي ئەسەرلەردە  قوللىنىلدىغان بىر خىل يېزىقچىلىق مېتودى بولۇپ، بۇ خىل مېتود ئىشلەتكەن يازغۇچىلار  ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى ھېس- تۇيغۇلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، ۋەقەلىك قوغلاشمايدۇ؛ پېرسوناژنىڭ ئەسلىمىسىنى، ئىچكى مونولوگىنى، باش- ئاخىرى يوق، تۇتامسىز خياللرىنى ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ ئەسەرگە ئاپتور ھېسسياتىنى ئارىلاشتۇرمايدۇ، پېرسوناژغا چات كېرىۋالمايدۇ؛ ھەتتا زىددىيەتلىك ئىدىيە، دەقىقىلىق تۇيغۇلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ.

بۇ خىلدىكى ئەسەرلەردىن جامېس جويىسنىڭ «ياش سەنئەتكارنىڭ پورتېرىتى»، «ئۇلىسېس»، «دۇبلىنلىقلار»، ۋىرگىنىيە ۋۇلفنىڭ «داۋروۋېي خانىم» قاتارلىق رومانلىرى، ۋىليام فولكىنېرنىڭ «شاۋقۇن ۋە غەزەب» قاتارلىق رومانلىرى  بار. بۇ ئۈچ يازغۇچى ئاڭ ئېقىنى ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدۇر.

]]> ?feed=rss2&p=11308 0 ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى يازغۇچىنىڭ ئىدىيەسىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ ?p=11305 ?p=11305#respond Fri, 19 Oct 2012 11:34:00 +0000 ?p=11305 ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى يازغۇچىنىڭ ئىدىيەسىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

ئۇيغۇرزادە

«پېرسوناژنىڭ گېپى يازغۇچىنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دېگەندىمۇ، ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى ئاپتورنىڭ تۇتقان مەۋقەسىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەسىلەن، كافكانىڭ «قەلئە» دېگەن رومانىنى ئالايلى. بۇ باش تېما شۇ ۋاقىتتىكى ئۇرۇش ۋە باشقا تراگېدىيەلەرگە يۈزلىنىش ئالدىدا تۇرغان ياۋرۇپانىڭ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ غېرىبلىقىدىن ۋە  يولۇقۇش ئالدا تۇرغان تەقدىرىدىن دېرەك بېرىدۇ. كافكا شۇڭا نىچشى، دوستويۋېسكىي، دانىيە پەيلاسوپى كېگىگارد قاتارلىقلار بىلەن «ھازىرقى زامان ياۋروپا جەمئىيىتىنىڭ كېسەللىكلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قىياس قىلىپ ئۈلگۈرگەن دانىشمەن» دەپ قارىلىدۇ (مۇشۇ بىر قانچە رومانى بىلەن، شۇ رومانلىرىدىن كېلىۋاتقان ئىدىيىۋى بىشارەتلەر بىلەن). ئەگەر بىر پارچە روماندا ئاپتورنىڭ ھېچقانداق ئىدىيەسى بولمايدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا كافكانىڭ  ھېچقانچە ۋەقەلىك چىقمايدىغان رومانىدىن مۇتەپەككۇرلار ئىدىيە ئىزدەپ، كافكانىڭ مەۋقەسىنى ئىزدەپ ئاۋارە بولمىغان بولاتتى. بىر پارچە روماندىن ئاپتورنىڭ قانداق مەۋقەدە تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە قانداق قاراشنى ياقىلايدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە كۆرگىلى بولىدۇ.

مەشھۇر يازغۇچى دوستويۋېسكىنىڭ «ئاكا-ئۇكا كاراموزوفلار»(the brothers karamazov) ۋە «گەمە خاتىرىلىرى» (notes from the underground) دېگەن داڭلىق ئەسەرلىرى غەربتە پەلسەپە فاكۇلتېتىدامەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى ھەققىدە دەرس ئۆتۈلگەندە نېمشىقا ئوقۇتۇلىدۇ. بىر پارچە روماندا ئىدىيە بولمايدۇ دېيىلسە، نېمىشقا دوستويۋىسكىدەك بىر يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى مەخسۇس ئىدىيە تەتقىق قىلىنىدىغان پەلسپە فاكۇلتېتىدا ئوقۇلىدۇ؟

رومان بىلەن يازغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى ئاتا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. دادىنى بالا شۇ دېگىلى بولمىغان بىلەن بالىنىڭ خۇي- پەيلىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئالامەتلەرنى ئەلۋەتتە دادىسىغا باغلاپ چۈشىنىش مۇمكىن. يەنە شۇنداقلا ھازىر مودا بولۇۋتقان «ئېيتىم نەزەرىيەسى» بويىچە چۈشەندۈرگەندىمۇ ئۆزلۈك بىلەن شۇ ئۆزلۈكنىڭ ئىگىسى  ئادەم دەۋاتقان گەپ (ۋە باشقا ئېيتىملار) ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر باغلىنىش بولىدۇ.

]]>
?feed=rss2&p=11305 0
مودېرنىزم دېگەن نېمە؟ مودېرنىزم ئەدەبىياتتىلا بولامدۇ؟ ?p=11303 ?p=11303#respond Fri, 19 Oct 2012 11:31:58 +0000 ?p=11303 مودېرنىزم دېگەن نېمە؟ مودېرنىزم ئەدەبىياتتىلا بولامدۇ؟

ئۇيغۇرزادە

مودېرنىزم دېگەن نېمە؟ مودېرنىزم ئەدەبىياتتىلا بولامدۇ؟ ئەدەبىياتتىكى ئاڭ ئېقىنى  ئۇسلۇبى دېگەنچۇ؟ ياخشى ئەسەر چوقۇم ۋە چوقۇم مودېرنىزملىق ئەدەبىيات ئۇسلۇبىدا يېزىلىشى شەرتمۇ؟ بەزىلەردە مۇشۇ ھەقتە خاتا چۈشەنچە بار. شۇڭا بۇ سوئال قويۇلدى. باشقا گەپلەرنى دېيىشتىن بۇرۇن بىزدىكى مودېرنىزملىق ئەدەبىياتقا ئائىت مۇنداق خاتا تونۇشنى دەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.

بىرىنچى خاتا تونۇش ـــ «پەقەتلا مودېرنىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلسا ياخشى رومان بولىدۇ» دېگەن قاراش. مەن بۇنىڭغا  «ناتايىن» دەپ جاۋاب بېرىمەن. مودېرنىزم ئۇسلۇبىدا  يېزىلىدىغان رومانمۇ، رېئالىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلىدىغان رومانمۇ بولىدۇ. چوقۇم بىر خىل ئۇسلۇبتا يازمىسا ياخشى رومان بولمايدىغان ئىش يوق. مەسىلەن، لېۋ تولىستوي رېئالىستىك يازغۇچى. ئۇنىڭ «تىرىلىش»، «ئاننا كارىننا»، «ھاجى مۇرات» قاتارلىق رومانلىرى  رېئالىستىك ئاڭغا ئىگە ئەسەرلەردۇر. ئۇ مودېرنىزمچىلارنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاپ كەتمەيدۇ. دىندار، ئەنئەنىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. «سەنئەت دېگەن نېمە؟» دېگەن ئەسىرىدىمۇ زاماندېشى دوستويېۋىسكىغا ئوخشىمايدىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.  1968- يىل «مەرۋايىت» ناملىق داڭلىق ئەسىرى بىلەن نوبېل مۇكاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكا يازغۇچىسى سىتىيىنبېك رېئالىستىك يازغۇچى، ئەمما ئۇنىڭ زاماندېشى، ۋەتەندېشى فولكېنېر مودېرنىزمچى. ئۇلار ئوخشاشلا گىگانت يازغۇچىلار. دۇنيا ئەدەبىياتىدا ھەممىسىنىڭ ئايرىم ئورنى بار. يەنە مەسىلەن، ئەنگلىيە يازغۇچىسى ۋىرگىنىيە ۋۇلف مودرنىزمچى، ئەمما ئۇنىڭ زاماندېشى، يەنە بىر مەشھۇر يازغۇچى جون گالىسۋورسى رېئالىزمچى. توماس خاردى رېئالىزمچى، ئەمما جوسېف كونراد مودېرنىزمچى.

شۇنىڭدەك  شولوخوۋنىڭ «تىنچ دون» دېگەن مەشھۇر رومانىمۇ رېئالىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان. بىز «ئانا يۇرت» تىكى ۋەقەلىكلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقايلى. بۇ رومان يەنىلا رېئالىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلسا مۇۋاپىق.  «پەقەتلا ئاڭ ئېقىنى مېتودىدا يېزىلغان رومان ياخشى بولىدۇ» دېگەن قاتمال چۈشەنچىدىن خالى بولۇشىمىز كېرەك. گەپ يازغۇچىنىڭ ماھارىتىدە. ماھارەتلىك يازغۇچىلار رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ مېتودلىرى بىلەن مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ مېتودلىرىنى يۇغۇرۇۋېتىدۇ. مەسىلەن، نېگىر يازغۇچىسى رالف ئاللىسون، 93- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى، ئامېرىكا يازغۇچىسى تونى موررىسون قاتارلىقلار.

ئىككىنچى، يازما ئەدەبىياتىمىزدا مودېرنىزم ۋە ئاڭ ئېقىنى ئاتالغۇسىنى چۈشىنىشتە يەنە باشقا  خاتا تونۇشلارمۇ بار. بۇ مەسىلىلەردىن (1) خاتا ھالدا مودېرنىزمنى ئەدەبىياتقىلا خاس ھادىسە دەپ چۈشىنىۋېلىش ھەم ئۇنى  ھەممە ھادىسىگە، جۈملىدىن ئىلغارلىققا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاچقۇچى قىلىۋېلىش؛ (2) غەربنىڭ مودېرنىزم چۈشەنچىسى ۋە ئاڭ ئېقىنى ئەدەبىياتى چۈشەنچىسىنى تەنقىدىي يوسۇندا ئەمەس، سۈمۈرۈشچان تەپەككۇردا ھەزم قىلىپ، ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى يىلتىز تارتقان ئۇيغۇر رېئاللىقىغا قارا-قويۇق تەدبىقلاشقا ئۇرۇنۇش؛ (3) مودېرنىزىم ھەرىكىتىنڭ دىنغا قارشى چىقىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە شۇ ئالاھىدىكى بولغىنى ئۈچۈن ياۋورپادا دىندارلار ئارىسىدا سوغۇق مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەنلىكىگە سەل قاراش ۋە شۇ خاتا قاراش تۈپەيلى ئىسلام ھەققىدە بىكاردىن بىكار خاتا، بۇرمىلانغان چۈشەنچىدە بولۇپ گۇمراھلىق يولىغا مېڭىش، زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلماسلىق؛ (4) ئارتۇر رىمبو،  چارلېز بودلېر، ئوسكار ۋىلدىلارنىڭ  «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» قارىشىنى ئەمەلىي تىرىشچانلىق لازىم بولۇۋاتقان، مەسىلىلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن، غەربنىڭكىگە پەقەت ئوخشمايدىغان  رېئاللىقىمىزغا تەدبىقلاشقا ئۇرۇنۇپ، رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قېلىش ھەم يۇمشاق دەسسەپ ئاسان ياشاشنىڭ كويىغا كىرىش، ئاندىن بۇنى «لبېراللىق» دەپ چۈشىنىۋېلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.

خاتا چۈشەنچىلەر قاتارىدىكى بىرىنچى مەسىلە ـــ مودېرنىزمنى نوقۇل ھالدا ئەدەبىياتقا خاس ھادىسە دەپ قارىۋېلىپ، ئۇنىڭ مېغىزى تېخىمۇ كەڭ بىر ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى، تار ھەم كەڭ مەنىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئالماسلىق. مودېرنىزمنى ئەدەبىياتقا خاسلا ھادىسە دەپ قارىۋېلىش خاتا. نۇرغۇن ھەۋەسكارلاردا مۇشۇ خىل خاتا قاراش مەۋجۇت. شۇڭا ئازراق چۈشەنچە بېرىش زۆرۈر بولدى.

مودېرنىزم ھەققىدىكى يۈزەكى چۈشەنچىنى تولۇقلاشقا ئاز- تولا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن ئۆزۈم ئوقۇغان كىتابلاردا بۇ ھەقتە بېرىلگەن چۈشەنچىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، «مودېرنىزم دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالغا بىر جاۋاب بېرىش ئۆتۈش لازىم بولدى.

كامبىرىج ئدىيە تارىخچىسى پېتېر ۋاتسوننىڭ «20- ئەسىر ئىدىيە تارىخى» نى، يالې ئۇنىۋېرسىتېتى ئىدىيە تارىخچىسى پېتېر گېينىڭ مەشھۇر كىتابى «مودېرنىزم تارىخى» نى ئوقۇساق،  مودېرنىزم ھەققىدە ئوخشىمىغان ئىزاھلارنىمۇ ئۇچرىتىمىز. ئومۇمەن، ئۇ قاراشلارنى يىغىپ كەلگەندە، مودېرنىزم كەم دېگەندە مۇنداق ئۈچ مەنىگە ئىگە ئۇقۇم ھەم بۇ ئۈچ مەنىسىنىڭ ئشىلىتىلشى ئوخشمايدۇ.

بىرىنچى، كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، مودېرنىزم ياۋروپادا قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىن كېيىن زامانىۋىلىق مۇساپىسى بارلىققا كەلتۈرگەن مەسىلىلەرگە دىنىي ۋە مېتافىزىكىلىق تونۇشلارنىڭ تەسىرىدىن خالى ھالدا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە بارلىققا كەلگەن بىلىش سىستېمىسى بولۇپ، ياۋروپا ئاقارتىش ھەرىكىتى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن، تەرەققىي قىلغان، كۈچەيگەن. كەڭ مەنىدىكى بۇ مودېرنىزم ھادىسىسى يالغۇز ئەدەبىياتقىلا خاس ھادىسە ئەمەس. بۇ ھادىسەنىڭ ئەدەبىيات بىلەن ئالاقىسى يوق. ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن نيوتون، كانت، روسسو، يۇم، دېدرو قاتارلىقلار بار. جەمئىيەت نەزەرىيەسىدىكى كېيىنكى مودېرنىزم پىكىر ئېقىمى مۇشۇ  ھادىسىگە روبرو ھالەتتە بارلىققا كەلگەن.

ئىككىنچى خىل مەنىدىكى  مودېرنىزم  ئۇيغۇر شائىرلاردىن باتۇر روزى قاتارلىقلار تەسىرىگە ئۇچرىغان فرانسىيە شائىرى چارلېز بودلېر، ئارتۇر رىمبو ۋەكىللىكىدە،   ئەنئەنىۋى تونۇشقا قارشى ھالدا  فرانسىيە سەنئەت ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن پىكرىي ئېقىمنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پىكىر ئېقىمى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاۋانگارتچىلار پىكىر ئېقىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ يىلتىزى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ جاراھەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ پىكرىي ئېقىمنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە قوللىغۇچىلىرى ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ. بۇ پىكىرىي ئېقىم 20- ئەسىردىكى مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. 

ئۈچىنچى، تار مەنىدە ئشىلىتىلىدىغان مودېرنىزم ئۇقۇمى (بىز ئادەتتە ئەدەبىياتتا مۇشۇنى كۆزدە تۇتىمىز) بولۇپ، خاس ئەدەبىياتتىن باشقا يەنە مۇزىكا، رەسساملىق، مىمارچىلىق ساھەلىرىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يالغۇز ئەدەبىياتقا خاسلا ھادىسە ئەمەس. ئەمما مودېرنىزم ئەدەبىياتى دېگەندە مۇشۇ ئۈچىنچى خىل ئشلىتىلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئەمدى بىز دىققەت دائىرىمىزنى تارايتىپ ئەدەبىياتقا خاس مودېرنىزم ھادىسىسىگە قاراپ باقايلى. غەرب ئەدەبىياتىدىكى مودېرنىزم پىكىر ئېقىملىرى ھەققىدە تاھىر ھامۇت كىتابىدا خېلى يېتەرلىك توختالغان. ئەدەبياتتىكى مودېرنىزم ھادىسىسىگە گېرمان پەيلاسوپى نىچشې، فرانسيە پەيلاسوپى ھېنرى بېرگسون، ئاۋسترىيە پىسخولوگى  فرۇئېد قاتارلىقلارنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيەلىرى تەسىر كۆرسەتكەن. مودېرنىزم ئەدەبياتى رېئالىزملىق ئەدەبىياتقا قارشى ھالدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلەرگە، يېزىقچىلىق ھەققىدىكى مەۋجۇت قائىدىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ؛  ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى زىددىيەتلىك روھىي ھالەتلەرگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلىدۇ.

]]>
?feed=rss2&p=11303 0
يېڭىچە پروزا ئېقىمى دېگەن نېمە؟ ?p=11209 ?p=11209#respond Tue, 18 Sep 2012 05:00:52 +0000 ?p=11209 يېڭىچە پروزا ئېقىمى دېگەن نېمە؟

 ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا فىرانسىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدە «ئاسىيلار» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈركۈم يازغۇچىلار پەيدا بولدى. بۇ يازغۇچىلار جەمئىيەتتىكى جىمى ئەنئەنىگە، جۈملىدىن ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە گۇمانلىنىش، ھەتتا ئۇنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسى تۇتتى. ئالان روب گىرىللېت، ناتالى ساروت، مىچىل بۇتور، كلائۇد سىمون مۇشۇ ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يازغۇچىلاردۇر. ئۇلار، 19- ئەسىردىن بۇيانقى ئەنئەنىۋى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسۇلى، بولۇپمۇ بالزاك ۋە تولستوي ۋەكىللىكىدىكى رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئوقۇرمەنلەرنى پەقەت «تاشقىي چىنلىق» دۇنياسىغىلا يېتەكلىيەلەيدۇ، ھەرگىزمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى داۋالغۇش، ئەنسىزلىك، تۇترۇقسىزلىق، بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ روھىدىكى مەنىسىزلىك ۋە بۇرۇقتۇرمىلىقنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، دەپ قارىدى. كونىچە ئەدەبىيات ئەنئەنىسى بىلەن ئادا- جۇدا بولغانلىقىنى جاكارلاپ، پروزىدا يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەندى، يېڭى ساھەلەرنى ئاچتى، يېڭىچە ئەركىنلىككە ئىنتىلدى ۋە شۇ ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى ئادەملەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن فىرانسىيەلىك ئەدەبىي تەنقىدچىلەر بۇ يازغۇچىلارنى «ئەنئەنىگە قارشى يېڭى ئېقىم» ياكى «يېڭىچە پروزا ئېقىمى» دەپ ئاتاشتى.

بۇ ئېقىمدىكى ئىجادىيەتنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار:

ۋەقەلىكنىڭ لوگىكىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. ئاپتور پەقەت پاكىتنىلا ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ، يەكۈن قىسىمىغا كەلگەندە مۇشۇ پاكىتلارنى ئوقۇرمەننىڭ ئۆزى خۇلاسە چىقىرىشىغا تاشلاپ بېرىدۇ.

ۋاقىت تەرتىپى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. بۇ ئېقىمدا يېزىلغان ئەسەرلەردە ئەنئەنىۋى ۋاقىت مۇناسىۋىتى ۋە بايان ئەندىزىسى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ، ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى، رېئاللىق، خىيالىي تۇيغۇ ئاستىن- ئۈستۈن قىلىنىپ، ئورۇن ئالماشتۇرۇلۇپ نامايان قىلىنىدۇ. ھەرقانداق يىپ ئۇچى، ئەسكەرتىش تەمىنلەنمەستىن، ھەممىسى ئوقۇرمەننىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىۋېلىشىغا قويۇپ بېرىلىدۇ.

جىسىم تەسۋىرى بىلەن ۋەقەلىك تەسۋىرىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، تەكرار ھەم سىدام بولۇشتەك زامانىۋى ئۇسۇل كۆپ قوللىنىلىدۇ. ئەسەرنىڭ ھەرقايسى بابلىرى ئارىسىدا ھەمىشە بەزى ۋەقەلىكلەر ئاتلاپ ئۆتۈلۈپ، ئەسەر ۋەقەلىكى راۋاجىنىڭ باغلىنىشچانلىقى ۋە بىر پۈتۈنلۈكى كېمەيتىۋېتىلىدۇ.

پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرى ئاجىزلاشتۇرۇلىدۇ، ئوقۇرمەن ھەمىشە پەقەت ماددىنىلا كۆرىدۇ، ئادەمنى كۆرەلمەيدۇ.

ھېسسىياتنىڭ نۆل نۇقتىسىغا بەكرەك چۆكىدۇ.

چاڭ ئەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «چەت ئەل ئەدەبىياتى بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

 

]]>
?feed=rss2&p=11209 0
19- 20- ئەسىر ئەنگلىيە ئەدەبىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر قايسىلار؟ ?p=11206 ?p=11206#respond Sat, 15 Sep 2012 07:24:09 +0000 ?p=11206  

 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر قايسىلار؟

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

جورجى ئىللىيوت ئىجادىيەتتە رېئالىزملىق پروزىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان يازغۇچى. ئۇنىڭ كۆپىنچە ئەسەرلىرىدە ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇشى چىنلىق بىلەن قايتا نامايان قىلىنغان، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى ئائىلە تۇرمۇشى ۋە نىكاھ مەسىلىلىرى قاتتىق سۆكۈلگەن. «مىددىلمارچ» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىدۇر.

جورج مېرېدىس ئەنگلىيەنىڭ يەنە بىر مەشھۇر يازغۇچىسى. «شەخسىيەتچى» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ «رىچارد فوۋليېرنىڭ كۈلپىتى»، «كىشىنى چۆچۈتىدىغان نىكاھ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇ ئەسەرلىرىدە پېرسۇناژلار پىسىخىك تەسۋىرىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋەقەلىك قوغلاشمايدۇ.

توماس خاردى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئەنگلىيەنىڭ مەشھۇر تەنقىدىي رېئالىزملىق يازغۇچىسى. «ۋېسسكس رومانلىرى» («ۋېسسكس رومانلىرى» خاردىنىڭ بىر يۈرۈش رومانلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، جەمئىي 14 پارچە روماننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋېسسكس ـــ خاردىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ نامى، ئۇ يۇرتى ۋېسسكسنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئاشۇ بىر يۈرۈش رومانلىرىنى بىر گەۋدىگە ئىگە قىلغان) ئۇنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئەسىرىدۇر. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «تېسسى خانقىز»، «نامسىز جۇدى»، «شەھەر باشلىقى كاستېر» قاتارلىقلار بار.

جورج بېرنارد شاۋمۇ ئەنگلىيەنىڭ مۇشۇ دەۋردە ياشىغان تەنقىدىي رېئالىزملىق دىرامماتورگى، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئەنگلىيە دىرامماچىلىقىنىڭ ئاساسچىسى. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ۋاررېن خانىمنىڭ كەسپى»، «پولكوۋنىك باربارا»، «مۇقەددەس قىز جېننى» ۋە «ئالما پەيتۇنى» قاتارلىقلار بار.

جون گالسۋورسى ئەنگلىيەنىڭ يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىدىن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئالمىشىش مەزگىلىدىكى مەشھۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئىككى تىرىلوگىيىسى بار. بىرى، «ئېسىلزادىلەر جەمەتى فورسيت» ناملىق تىرىلوگىيەسى بولۇپ، «مۈلۈكدار»، «يولۋاسقا مىنىۋېلىش»، «ئىجارە بېرىش» قاتارلىق ئۈچ پارچە رومانىدىن تەركىپ تاپقان. يەنە بىرى، «ھازىرقى زامان كومېدىيەسى» ناملىق تىرىلوگىيەسى بولۇپ، «ئاق مايمۇن»، «ئاچقۇچ»، «ئاققۇ كۈيى» دېگەن ئۈچ پارچە روماندىن تەركىپ تاپقان. بۇ رومانلاردا بىر جەمەتنىڭ تارىخى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، 19- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىغىچە بولغان بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

بۇ مەزگىلدە يەنە ئەنگلىيە ئەدەبىياتىدا «چۈشكۈنلۈك ئەدەبىياتى» شېئىرىيىتىدە ۋەكىللىك يازغۇچىلاردىن رۇسكىن، روستتى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئىچىدە روستتىنىڭ «ھاياتلىق ئائىلىسى» ناملىق ئەسىرى ئۇنى ئەنگلىيە چۈشكۈنلۈك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەكىللىرىگە ئايلاندۇرغان.

ئەنگلىيە پروزىچىلىقىدىكى «يېڭى رومانتىزم» خاھىشى سىتۋېنسون ئىجادىيىتىنى بەلگە قىلغان. ئۇنىڭ كۆپىنچە ئەسەرلىرىدە تەۋەككۇلچىلىك، ۋەھىمىلىك ۋەقەلىك ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. «گۆھەر ئارال» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىدۇر.

ئوسكار ۋىلدى ئەنگلىيە ئىستېتىزمىنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى. ئۇ 20 يىللىق ئىجادىي ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە شېئىر بىلەن بالىلار چۆچىكى يېزىشنى ئاساس قىلغان. كېيىن «دورىيان گرېينىڭ پورتىرىتى»، «ۋىندىمىر خانىمنىڭ يەلپۈگۈچى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ – 19- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىكى ئىستېتىكا ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى، شۇنداقلا 90- يىللاردىكى چۈشكۈنلۈك ئېقىمى ھەرىكىتىنىڭ پېشىۋاسى.

چاڭ ئەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «چەت ئەل ئەدەبىياتى بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

]]>
?feed=rss2&p=11206 0
ئوسكار ۋىلدىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى قايسىلار؟ ?p=11159 ?p=11159#respond Thu, 13 Sep 2012 02:39:11 +0000 ?p=11159  ئوسكار ۋىلدىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى قايسىلار؟

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

ئوسكار ۋىلدى ـــ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان شەخستۇر. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ياۋروپادىكى تۈرلۈك چۈشكۈنلۈك ئېقىملىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن جايلاردا بۇ ئېقىملارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ چىققان. ئۇ ئېرلاندىيەلىك بولۇپ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل لوندوندا ئېچىلىپ تۇرىدىغان سالونلارغا قاتنىشىپ كىشىلەرنىڭ دىققەت- نەزەرىدىكى شەخسكە ئايلانغان. كېيىن ياۋروپا- ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بېرىپ نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئىستېتىكا ۋە ئېتىكا نەزەرىيەلىرىنى تەشۋىق قىلغان. «ئەخلاقسىز قىلمىشلىرى بار» دەپ ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە ياتقان؛ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن پارىژغا كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردە تەنھالىق ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئوسكار ۋىلدى ناھايىتى تالانتلىق، سۆزمەن يازغۇچى بولۇپ، كىشىلەرنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرىدىغان ئاجايىپ گەپ- سۆزلىرى بىلەن بۇرژۇئازىيە دۇنياسىنىڭ چاكىنىلىقى بىلەن مەنپەئەتپەرەسلىكىنى ئېچىپ تاشلىغان؛ شېئىرلىرىدا، نەسىرلىرىدە ۋە ماقالىلىرىدە رېئاللىقتىن ئايرىلغان پىل چىشى مۇنارى بىلەن بۇ دۇنيانى سېلىشتۇرما قىلغان. ئۇ «سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبى» ناملىق ماقالىسىدە گۈزەللىكنىڭ غەلىبىسىنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە بولغان غۇۋا ئۇقۇملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋەتكەن. ئوسكار ۋىلدى نۇرغۇن كىنايىلىك دىيالوگ، ئافورىزم (ھېكمەتلىك سۆز) غا تويۇنغان كومېدىيەلەرنى يازغان، بۇلارنىڭ مەزمۇنى ئۇنچە چوڭقۇر بولمىسىمۇ، لېكىن ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ چىرىكلىكىنى ئېچىپ تاشلىغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى»، «دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى» قاتارلىقلار بار.

ئۇ «بالىلار چۆچەكلىرى» ناملىق كىتابىدا بەزى لىرىك چۆچەكلەر ئارقىلىق ئۆزلۈكىنى قۇربان قىلىش ۋە كەڭ قورساقلىق روھىنى چىن گۈزەللىكتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان نەرسە دەپ تەسۋىرلەيدۇ. «ئۆسمۈر پادىشاھ» ناملىق چۆچەكتە ئۆسمۈر پادىشاھ ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتتا گۈزەللىك يارىتىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ جاپالىق مېھنەت قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ؛ شادىمان شاھزادە، ھەيكەل ۋە قارلىغاچ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە يوقسۇللارغا ياردەم قىلىدۇ («شادىمان شاھزادە» ناملىق چۆچەك)؛ بۇلبۇل ئۆز قېنى ئارقىلىق ئاق ئازغاننى قىزىلغا بويايدۇ، كۆيۈك ئوتىغا گىرىپتار بولغان ئوقۇغۇچى بىر بەڭباش قىزغا گۈل سوۋغا قىلىپ، قىزنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشمەكچى بولىدۇ، ۋەھاكازالار.

چاڭ ئەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «چەت ئەل ئەدەبىياتى بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

]]>
?feed=rss2&p=11159 0
ئىستېتىزم دېگەن نېمە؟ ?p=11153 ?p=11153#respond Thu, 13 Sep 2012 02:28:28 +0000 ?p=11153 ئىستېتىزم دېگەن نېمە؟

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

ئىستېتىزم 19- ئەسىردە ياۋروپادا مودا بولغان ئەدەبىيات- سەنئەتتىكى بىر خىل پىكىر ئېقىمى. ئىستېتىزم «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ سەنئەتنىڭ تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ؛ ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ شەكلەن گۈزەللىكى بىلەن ئىپادىلىنىش ماھارەتلىرىنى قوغلىشىپ، ئىجتىمائىي رولى بىلەن مەنپەئەت مۇددىئالىرىنى ئىنكار قىلىدۇ.

ئىستېتىزم ئەڭ بۇرۇن فىرانسىيەدە بارلىققا كەلگەن. گاۋتىيېر 30- يىللاردىلا «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ نەزەرىيەسى بىلەن ئىجادىيىتى ئەدەبىياتتىكى ئىستېتىزملىق ئاۋانگارتلىققا يول ئېچىپ بەرگەن. 60- يىللاردا فىرانسىيەدە بارلىققا كەلگەن پارنېيىس ئېقىمىدىكىلەر گاۋتيېرنىڭ شېئىردا نوقۇل شەكلىيلىك بىلەن ئوبيېكتىپلىقنى قوغلىشىش خاھىشىنى راۋاجلاندۇرغان.

ئەنگلىيەلىك يازغۇچى ئوسكار ۋىلدى ئىستېتىزم نەزەرىيەسىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان. ئوسكار ۋىلدى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىستېتىزمنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى. ئۇ ئەنگىلىيەدىكى دەللاللىق (مىشچانلىق) پەلسەپىسى بىلەن ساختا ئەخلاققا نەپرەتلىنىپ، شەخسىي ھوزۇر تۇيغۇسىنى قوغلاشقان؛ «سەنئەت مۇستەقىل ھاياتقا ئىگە، ئۇ ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ» دېگەننى تەشەببۇس قىلغان؛ «سەنئەت تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرمەيدۇ، بەلكى تۇرمۇش سەنئەتنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، رېئال تۇرمۇش رەزىل بولىدۇ، پەقەت سەنئەتلا مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە» دەپ قارىغان. ئوسكار ۋىلدى ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق باش تېمىسى مۇھەببەت ۋە ھوزۇر- ھالاۋەت قوغلىشىشتۇر. ئۇ ۋەكىللىك ئەسىرى «دورىيان گرېينىڭ پورتېرىتى» ناملىق رومانىدا ئۆزىنىڭ چۈشكۈنلۈككە تولغان راھەتپەرەسلىك ئىدىيەسى ۋە «سەنئەت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دەيدىغان تەشەببۇسىنى گەۋىدىلەندۈرگەن.

 

چاڭ ئەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «چەت ئەل ئەدەبىياتى بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

]]>
?feed=rss2&p=11153 0