پاساھەت – پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى http://www.pasahet.net Fri, 04 Nov 2016 04:54:31 +0000 ug-CN hourly 1 جامېس جويس ?p=12214 ?p=12214#respond Fri, 04 Nov 2016 04:52:46 +0000 ?p=12214  

جامېس جويس
(ئىرېلاندىيە)

    %e4%b9%94%e4%bc%8a%e6%96%afجامېس جويس ( 1882 – 1941 ) ئىرېلاندىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى، دراماتورگ ، شائىر ، دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە بىردەك «مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى» دەپ قارىلىدۇ. ئۇ 1907 – يىلىدىن باشلاپ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 16 ياشقا كىرگەن يىلى دۇبلىن ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ پەلسەپە ۋە تىل ئۆگەنگەن، كېيىن دۇبلىن جەمئىيىتىدىكى چۈشكۈن، چاكىنا تۈس ئالغان مەنىسىز تۇرمۇشتىن بىزار بولۇپ، ئەدەبىياتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كەتكەن ۋە ئۆزى خالاپ «سەرگەردانلىق يولى» نى تاللىۋالغان. 1920– يىلى ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى ئېزرا پوندنىڭ تەكلىپى بىلەن پارىژدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1914– يىلى مۇنەۋۋەر ھېكايىلىرىدىن تەركىب تاپقان «دۇبلىنلىقلار» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ۋە «ياش سەنئەتكارنىڭ پورترېتى» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان. 1915– يىلى دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا كاتتا زىلزىلە قوزغىغان، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بۈيۈك ئەسىرى «ئۇلىسېس » ئېلان قىلىنغان. «ئۇلىسېس» دېگەن رومان 1998– يىلى نيۇيورك نەشرىياتى ئۇيۇشتۇرغان 20– ئەسىردە دۇنيا ئەدەبىياتىدا بارلىققان كەلگەن نادىر 100 ئەسەرنى باھالاش پائالىيىتىدە بىرىنچى بولۇپ باھالانغان. جامېس جويس، فرانسىيىلىك يازغۇچى مارسېل پروست («سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش» رومانىنىڭ ئاپتورى)، ئەنگلىيىلىك ئايال يازغۇچى ۋىرگىنىيە ۋۇلف («داللوۋى خانىم» رومانىنىڭ ئاپتورى)، ئامېرىكىلىق يازغۇچى ۋىليام فولكنېر قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلار ئاڭ ئېقىمى ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

]]>
?feed=rss2&p=12214 0
تەرجىمە ئەسەرلىرىم كاتالوگى ?p=11825 ?p=11825#comments Mon, 24 Oct 2016 18:15:59 +0000 ?p=11825 ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمە ئەسەرلىرى كاتالوگى

 

ھەزرىتى ئەلى بارات 1978- يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1997- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 2001- يىلى 7- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 2001- يىلى 6- ئايدىن 11- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشخانىسى تەرجىمە بۆلۈمىدە تەرجىمان، مەزكۇر ئىدارىنىڭ قارىمىقىدا چىقىدىغان «بازار يېتەكچىسى» گېزىتىدە تەرجىمان، تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2002- يىلى 5- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىغا ئىشقا چۈشكەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.

ھەزرىتى ئەلى بارات ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرىنچى يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانغان، 1998- يىلى 7- ئايدا «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «سۇ ئاۋازى» ناملىق مىكرو تەرجىمە ھېكايە بىلەن تەرجىمە سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىزچىل ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «تارىم»، «شىنجاڭ باج ئىشلىرى»، «شىنجاڭ سودا- سانائىتى ژۇرنىلى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، «يېرىم ئايلىق سۆھبەت» قاتارلىق ژۇرناللاردا، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»، «بازار يېتەكچىسى»، «ئاسىيا كىندىكى» قاتارلىق گېزىتلەردە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ھەزرىتى ئەلى باراتنىڭ ھازىرغىچە تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ كاتالوگى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، رومان ۋە ھەر خىل ژانېردىكى كىتابلار:

1. «دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى»، ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى (ئەنگلىيە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2009- يىل 8- ئاي نەشرى

2. «قەلئە»، ئاپتورى: فرانىز كافكا (ئاۋستىرىيە)، 2012- يىل 1- ئاي نەشرى

3. «تولغان بەدەن» (ئىككىنچى تومى)، ئاپتورى: مويەن (2012- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)، 2012- يىل 1- ئاي نەشرى

4. «شاكىلاتتەك يازلىق تەتىل» (بالىلار رومانى)، راھىلە بارات بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن- سىن نەشرىياتى، 2012- يىل 5- ئاي نەشرى

5. «خاركېرنىڭ ئاجايىپ كەچۈرمىشلىرى» (بالىلار رومانى)، ئاپتورى: مارك تىۋىن (ئامېرىكا)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001- يىل 6- ئاي نەشرى

6. «سادات زۇڭتوڭ قەستكە ئۇچرىغان كۈنلەردە»، ئاپتورى: نەجىپ مەھفۇز (مىسىر، 1988- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)، دۇنياۋى مەشھۇر پوۋېستلار مەجمۇئەسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىل- 7- ئاي نەشرى

7. «بىئوۋۇفنىڭ يالماۋۇزنى بويسۇندۇرۇشى» (ئەنگلىيە، دۇنيادىكى ئون چوڭ ئېپوس)، ئوسمانجان مۇھەممەت ئاكا بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005- يىل 7- ئاي نەشرى

8. «سۇيىقەست»، رومان، قۇدرەت بارات بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2015- يىل 12- ئاي نەشرى

9. «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار»، راخمان مامۇت ئاكا بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، يازغۇچىلار نەشرىياتى 2015- يىللىق 5 – ئاي نەشرى

10. «بۇ يەردە مەنزىرە زەپمۇ گۈزەل» (ۋاڭ مېڭنىڭ رومانى) (2- تومى)، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجخمە قىلغان، 2014- يىل 4- ئاي نەشرى

11. «ساددا ۋە ھەسرەتلىك يازغۇچى» ، ئاپتورى: ئورخان پامۇك، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى، 2015- يىل 7- ئاي نەشرى

12. «ئاشقازان نېمىشقا ئۆزىنى ھەزىم قىلىۋېتەلمەيدۇ» (بالىلار قامۇسى 7- قىسىمى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2016- يىل 6- ئاي نەشرى

13. «باھار شامىلى ئېلىپ كەلگەن ھېكايە»، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2013- يىل 11- ئاي نەشرى

14. «شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار»، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2013- يىل 6- ئاي نەشرى

15. «يېزا قانۇن ئاساسىي بىلىملىرى قوللانمىسى»، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2010- يىل 6- ئاي نەشرى

16. «زېمىن قىزى: سىمېدلىي ھەققىدە ھېكايە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2011- يىل 9- ئاي نەشرى

17. «قانۇن ھەققىدە ھېكايە»، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى، 2015- يىل 9- ئاي نەشرى

18. «ياشلىق دەۋرىدىكى پىسىخىك مەسلىھەت Ⅱ«، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005- يىل 2- ئاي نەشرى

19. «يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن ــــ قۇدرەتلىك قورال- ياراغلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008- يىل 8- ئاي نەشرى

20. «قەلبنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى»، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى 2010- يىل 5- ئاي نەشرى

21. «ئەسسالام شىنجاڭ» (ۋاڭ مېڭ ئەسەرلىرى توپلىمى)، تەرجىمە ئەسىرىم كىرگۈزۈلگەن

22. «چايخانا» (دىرامما)، ئاپتورى: لاۋ شې، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكى پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا كىرگۈزۈلگەن

ئىككىنچى، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر:

1. «دوستلار» (ھېكايە)، ئاپتورى: دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1999- يىللىق 6- سان

2. «بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەر» (ھېكايە)، ئاپتورى: دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 2- سان

3. «يازغۇچىنىڭ مەخپىيىتى» (ھېكايە)، ئاپتورى: دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 2- سان

4. «سىرلىق كۆزەينەك» (ھېكايە)، ئاپتورى: دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 2- سان

5. «شار ھەققىدە ھېكايە» (ھېكايە)، ئاپتورى: دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 2- سان

6. «مەڭ» (ھېكايە)، ئاپتورى: مىخايىل شولوخوف (سوۋېت ئىتتىپاقى)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2000- يىللىق 3- سان

7. «كۈز» (ھېكايە)، ئاپتورى: ۋاسىلىي شۇكشىن (سوۋېت ئىتتىپاقى)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2000- يىللىق 4- سان

8. «سەرگەردان، ئەگەر سىباغا بېرىپ قالساڭ» (ھېكايە)، ئاپتورى: ھېنىرىخ بول (گېرمانىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2000- يىللىق 6- سان

9. «ئاخىرقى بىر سۆيۈش» (ھېكايە)، ئاپتورى: نادىن گوردمىر (جەنۇبىي ئافرىقا)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 2- سان

10. «سۇ ئاۋازى» (ھېكايە)، ئاپتورى: مىشىما يۇكىئو (ياپونىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 4- سان

11. «سۆيۈشۈش» (ھېكايە)، ئاپتورى: مىشىما يۇكىئو (ياپونىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 4- سان

12. «گۈزەللىك ئىلاھى» (ھېكايە)، ئاپتورى: مىشىما يۇكىئو (ياپونىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 4- سان

13. «ھەمدەپنە قىلىش» (ھېكايە)، ئاپتورى: ۋىليام فولكىنېر (ئامېرىكا)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 6- سان

14. «ۋوششىر» (ھېكايە)، ئاپتورى: ۋىليام فولكىنېر (ئامېرىكا)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2003- يىللىق 4- سان

15. «ھەققانىيەت» (ھېكايە)، ئاپتورى: ۋىليام فولكىنېر [ئامېرىكا]، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2003- يىللىق 4- سان

16. «گىرىن ئەپەندىنى ئىزدەش» (ھېكايە)، ئاپتورى: سائۇل بېللوۋ (ئامېرىكا)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 1- سان

17. «ئۇرۇش ۋەھىمىسى قاپلىغان زېمىن» (ھېكايە)، ئاپتورى: بىن ئوكىرى (نىگىرىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2009- يىللىق 6- سان

18. «ھالرەڭ كۆز يېشى» (ھېكايە)، ئاپتورى: تيەنجوڭ شىيادەي (ياپونىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 1- سان

19. «ئوغلۇمغا خەت» (ھېكايە)، ئاپتورى: سوخۇمۇلنىسكى (سوۋېت ئىتتىپاقى)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 2- سان

20. «تىلنىڭمۇ كۆزى بار: 2009 – يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ھېرتا مىللېرنى زىيارەت» (زىيارەت خاتىرىسى)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 2- سان

21. «ئىلوندىرا ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى» (پوۋېست)، ئاپتورى: گارسىيا ماركۇز (كولومبىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 5- سان

22. «ئوسكار ۋىلدنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ‹دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى› ناملىق رومانى ھەققىدە» (ماقالە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 1- سان

23. «فرانىز كافكا ۋە ئۇنىڭ كاتتا رومانى ‹قەلئە› ــــ سىرلىق ئوردا تۈسىگە ئىگە ھېكايە» (ماقالە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2011- يىللىق 6- سان

24. «قارا رەڭلىك باغچا» (ھېكايە)، ئاپتورى: ھېرتا مىللېر (گېرمانىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2011- يىللىق 6- سان

25. «قەبرە ئالدىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق» (ھېكايە)، ئاپتورى: ھېرتا مىللېر (گېرمانىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2011- يىللىق 6- سان

26. «بىر پارچە شېئىر بىر چۈش دېمەكتۇر» (2011- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى توماس تىرانىسترومېر بىلەن سۆھبەت)، ئاپتورى: ۋاڭ خۇا، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 2- سان

27. «تېپىشماق ئايدىڭلاشسۇن» (2011- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى توماس تىرانىسترومېر بىلەن سۆھبەت)، ئاپتورى: ۋاڭ خۇا، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 2- سان

28. «پاناھگاھ» (ھېكايە)، ئاپتورى: جون بەنۋىل (ئەنگلىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 5- سان

ئۈچىنچى، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ۋە «تارىم» ژۇرنىلىدا، «ۋاڭ مېڭ نەسىرلىرى توپلىمى» دا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر:

1. «ئىزۇدىكى ئۇسسۇلچى قىز» (ھېكايە)، ئاپتورى: كاۋاباتا ياسۇنارى (ياپونىيە)، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 12- سان

2. «تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال» (نەسىر)، ئاپتورى: جىبران خەلىل جىبران (لىۋان)، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 5- سان

3. «ناركوز دورىسى ۋە ئوپېراتسىيە پىچىقى» (نەسىر)، ئاپتورى: جىبران خەلىل جىبران (لىۋان)، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 6- سان

4. «يېزىقچىلىقنى مەڭگۈ تاشلىمايمەن» (2010- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ۋارگاس لوسا بىلەن سۆھبەت)، ئاپتورى: جاۋ دېمىڭ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 3- سان

5. «ئارزۇيۇم ـــ مۇھەببەت، ھەرگىز نوبېل مۇكاپاتى ئەمەس» (2010- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ۋارگاس لوسا بىلەن سۆھبەت)، ئاپتورى: جاۋ دېمىڭ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 3- سان

6. « نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇش» ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2013- يىللىق 7- سان

7. « نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇش» ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2013- يىللىق 9- سان

8. «كۆك بېلىق» (ھېكايە)، ئاپتورى: خالدور كىليان لاكسىنىس (ئىسلاندىيە)، «تارىم» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 4- سان

9. «قەلب ساداسى» (نەسىر)، ئاپتورى: ۋاڭ مېڭ، «ۋاڭ مېڭ نەسىرلىرى توپلىمى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2011- يىل 8- ئاي نەشرى

10. «شىنجاڭ ناخشىسى» (نەسىر)، ئاپتورى: ۋاڭ مېڭ ، «ۋاڭ مېڭ نەسىرلىرى توپلىمى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2011- يىل 8- ئاي نەشرى

تۆتىنچى، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر:

1. «ئىجتىمائىي تەبىئىي پەنگە ئوخشاشلا مۇھىم»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 3- سان

2. «يايلاقتىن چىقىپ NBA غا قەدەم قويغان ئەزىمەت ــــ باتۇر»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 4- سان

3. «كۆپ ئىقتىدارلىق تالانت ئىگىسى كىرستوف سىبا»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 4- سان

4. «‹قۇتادغۇبىلىك› نىڭ ۋىنا نۇسخىسىدىن تۇغۇلغان ئويلار»، ئاپتورى: رەيھان قادىر، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2003- يىللىق 4- سان

5. «ئىجتىمائىي تەبىئىي پەننىڭ نېمىگە پايدىسى بار»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 2- سان

6. «ئۇتۇق قانداق تاۋلانغان ـــــ ئىككىنچى دەرس» («تېرە پۈتۈك» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىنغان)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 2- سان

7. «21- ئەسىردىكى يېڭى دۆلەت غۇرۇرىمىزنى تىكلەيلى» («جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىنغان)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 3- سان

8. «كەلگۈسىدىكى توقۇنۇش»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 3- سان

9. «قۇللۇق ئېڭىنى چۆرۈپ تاشلاپ، مىللىي ئېڭىمىزنى ئۇرغۇتايلى» («جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىنغان)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 1- سان

9. «جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 3- سان

10. «جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 4- سان

11. «جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 5- سان

12. «تۈركىيە ۋە پانتۈركىزم»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2006- يىللىق 2- سان

13. «ئىختىراۋى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىختىراۋى كۈچى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2007- يىللىق 1- سان

14. «جۇڭنەنخەينى زىلزىلىگە سالغان جيەن بوزەننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2007- يىللىق 5- سان

15. «نيۇتوننىڭ قىيامەت ھەققىدىكى قىياسى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2007- يىللىق 5- سان

16. «بۆرىگە يولۇقسىڭىز بۆرە بولۇڭ»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2006- يىللىق 5- سان

17. «پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتىكى ئاچچىق ساۋاق»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2008- يىللىق 3- سان

18. «جۇڭگوچە ئولىمپىكنىڭ ‹يېڭى ئېففىكتى›»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2008- يىللىق 4- سان

19. «ئەقلىي ئويغىنىش»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 2- سان

20. «21- ئەسىردە تىللارنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 2- سان

21. «پەلسەپە دېگەن نېمە؟ ئۇ نېمە ئىش قىلىدۇ؟»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 5- سان

بەشىنچى،  كىنو- فىلىملەر:

1. «زورو ھەققىدە رىۋايەتⅡ» (ھېكايە فىلىم)، قاراماي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاۋاز بەرگەن

2. «شى سوگوۋغا كىرىش» (8 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى)، قاراماي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاۋاز بەرگەن

3. «كىچىك پەرىشتە» (كارتون فىلىم)، قاراماي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاۋاز بەرگەن

4. «شىمالىي قۇتۇپ تېز پويىزى» (كارتون فىلىم)، قاراماي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاۋاز بەرگەن

ئالتىنچى، تەرجىمە قىلىپ بولۇنغان،مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى نەشر قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن ياكى ئارگىنالى يۈتۈپ كەتكەن كىتاب ۋە ئەسەرلەر:

1. «مىڭ پارلاق قۇياش» (رومان)، ئاپتورى: خالىد ھۆسەيىن (ئامېرىكا)

2. «بەك ياۋاش بولۇپ كەتمەڭ» (تۇرمۇش پەلسەپىسى توغرىسىدىكى كىتاب)

3. «ھەممەيلەن ئىنگىلىزچە سۆزلەيلى (2- قىسىم)» (ئىنگلىزچە ئۆگىنىش قوللانمىسى)

4. «ئىنگلىز تىلى دەرسخانىسى» (ئىككى توملۇق ئىنگلىزچە ئۆگىنىش قوللانمىسى)

5. «ئاياللار پىسىخولوگىيەسى توغرىسىدىكى كىتاب»

6. «لابى شياۋشىن رەسىملىك كىتابى» (كارتون رەسىملىك بالىلار ئوقۇشلۇقى جەمئىي ئۈچ قىسىم)

7. «قاردىكى قان ئىزى» (ھېكايە)، ئاپتورى: گارسىيا ماركۇز (كولومبىيە)

يەتتىنچى، نەشرىيات بىلەن توختاملىشىپ تەرجىمە قىلىۋاتقان ۋە نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان كىتابلار:

1. «پىرىزدېنت ئەپەندى» (رومان)، ئاپتورى: مىگىل ئانگېل ئاستۇرىياس (گىۋاتمالا، 1967- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)، خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ

2. «تۈلكە ئۇ چاغدا ئوۋچى ئىدى» (رومان)، ئاپتورى: ھېرتا مىللېر (گېرمانىيە، 2009- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)، خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ

3. «ھارغىن نەپەسلەر» (رومان)، ئاپتورى: ھېرتا مىللېر (گېرمانىيە، 2009- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)، خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ

4. «نوبېل ئەدەبىياتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇش»

5. «قۇياش ساڭگەن دەرياسىنى يورۇتقاندا» (رومان)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ

6. «ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمە ئەسەرلىرى توپلىمى»، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ

سەككىزىنچى، تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن كىتابلار:

1. «پاقا» (رومان)، ئاپتورى: مويەن (2012- يىلى موبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، ئېلېكترون نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ يىل نەشر قىلىندى

2. «ئامەت ئىچىدىكى ئاپەت» (ھېكايىلەر توپلىمى)، ئاپتورى: جالالىدىن بەھرام، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى

3. «مەركىتلەر» (رومان)، ئاپتورى: مۇتەللىپ سىدىق، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ

4. «سۆيگۈ قىسمىتى» (رومان)، ئاپتورى: پاتىگۈل ئىمىن، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ

5. «سەلەي چاققان ھەققىدىكى تەتقىقات كىتابى» (ئىلمىي ئەسەر)، ئاپتورى: ئۇچقۇنجان ئۆمەر، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ

6. «ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناسلىقىغا كىرىش» (ماقالىلەر توپلىمى)، ئاپتورى: ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ

7. «مەخپىي يول» (رومان)، ئاپتورى: بۇرانسېف (سوۋېت ئىتتىپاقى)

8. «ئىجتىمائىي پەن دۇنياسىغا كىرىش» (كىتاب)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2013- يىلى 4- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى

 

]]>
?feed=rss2&p=11825 14
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى قانداق باھالاپ چىقىلىدۇ؟ ?p=12157 ?p=12157#respond Wed, 21 Oct 2015 10:54:05 +0000 ?p=12157  

 

nobel

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى قانداق باھالاپ چىقىلىدۇ؟

ۋۇ يۆتيەن

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

 

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زور غولغۇلا قوزغىلىدۇ. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نەتىجىسىنىڭ ھەر يىلى 10- ئايدىكى مەلۇم بىر پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. بىراق، قايسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، پەقەت كۈز پەسلىنىڭ تېزرەك يېتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدۇ. مۇخبىرلار تەرەپ- تەرەپتىن شىۋېتسىيەگە كېلىپ خەۋەر تىڭتىڭلايدۇ، باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ كەينىدىن زېرىكمەي- تېرىكمەي سوكۇلداپلا يۈرىدۇ. باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان كۈنى ئۇلار ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا توپلىنىپ، خىلمۇ خىل پەرەزلەرنى قىلىشىدۇ. ھالبۇكى، كىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇققان چېغىدا ھەيرانلىقىدىن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالىدۇ. ئىشقىلىپ، ھەممەيلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تېپىشماقتەك بىر خىل سىرلىق تۈس ئاتا قىلىدۇ. كىشىلەر پەقەت كىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىنلا خەۋەر تاپالايدۇ، باھالاش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئەھۋالى قەتئىي سىر تۇتۇلىدۇ.

2007- يىلى فىرانسىيە يازغۇچىسى ئالبېرت كامۇسنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسى فىرانسىيەدە چىقىدىغان «كىتاب ئوقۇش» ژۇرنىلى مۇخبىرلىرىغا ئۇنىڭ ئارخىپىنى ئاشكارىلىغان. نوبېل مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتىنىڭ دائىمىي باش كاتىپى، 58 ياشلىق خوراس ئېنگىداخىل مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىش ھوقۇقىغا ئىگە تۆت ھەيئەتنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. دۇنيادىكى جىمى يازغۇچىلار تونۇشۇۋېلىشنى ئويلايدىغان بۇ كىشى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى تولىمۇ ئوچۇق- يورۇقلۇق بىلەن قوبۇل قىلىپ، كىشىلەرنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ سىرىدىن خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

نوېبل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان يازغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى تەۋسىيە ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. باھالاش كومىتېتى ھەر يىلى فىرانسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى قاتارلىق بەزى ئاكادېمىيە ۋە جەمئىيەتلەرنى، شۇنداقلا ھەيئەتلەر، پىروفېسسورلار، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەر، بولۇپمۇ بۇرۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنى شۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات تەۋسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، تەۋسىيە قىلىنغان يازغۇچىلار ئادەتتە تەخمىنەن 300 دىن 400 گىچە بولىدۇ. تۆت كىشىلىك باھالاش ھەيئىتىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتلەر ئەنە شۇ ئاساستا دەسلەپكى تاللاشنى باشلايدۇ. 4- ئايدا بىرىنچى تۈركۈمدىكى جەمئىي 20 كىشىلىك نامزاتنىڭ تىزىملىكى بېكىتىلىدۇ. نامزات تەۋسىيە قىلىش جەريانىدا قەتئىي ئەمەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇنداق بىر پىرىنسىپ بار: يەنى ھەر قانداق يازغۇچى ئۆزىنى تەۋسىيە قىلماسلىقى كېرەك. بەزى يازغۇچىلار ئۆزىنى بەك قالتىس چاغلاپ كېتىپ، بارلىق ئەسەرلىرىنى ئىمزا قويۇپ باھالىغۇچىلارغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. باھالىغۇچىلار بۇنداق يازغۇچىلارنى «ئۆز- ئۆزىنى قەتلى قىلىدىغان يازغۇچىلار» دەپ ئاتىشىدۇ، يەنى بۇنداق يازغۇچىلارنىڭ باھالىنىش سالاھىيتىمۇ بولمايدۇ.

5- ئايدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىندا تۆت كىشىلىك باھالاش ھەيئىتى پەقەت بەشلا كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر نۇسخا «قىسقا تىزىملىك» نى بېكىتىپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تەۋسىيە قىلىنغان نامزاتلارنىڭ ئارىسىدىن بەش كىشىنى تاللاپ چىقىشنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ھەيئەتلەرنىڭ ئىچىدە خەنزۇ تىلىنى مۇكەممەل بىلىدىغان مۇتەخەسسسىلەر بار بولسىمۇ، لېكىن ئىندىئان تىللىق ۋە ئەرەب تىللىق مۇتەخەسسىسلەر يەنىلا كەمچىل بولغاچقا، بەزى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى كۆرۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر تەرجىمە نۇسخىسىمۇ بولمىسا، باھالاش كومىتېتى مەخپىيەتلىكنى مۇتلەق ساقلىغان ئاساستا ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مۇتەخەسسىسنى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. 1996- يىلى ئۇلار سىلاۋىيان تىللىق بىر كىشىنى شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىگە تەكلىپ قىلىپ، پولشالىق شائىرە ۋىسلاۋا سىمبورىسكانىڭ شېئىرلىرىنى خەتمۇ خەت تەرجىمە قىلدۇرغان. شۇ يىلى دەل مۇشۇ شائىرە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

يېزىقسىز بەلگىلىمىدە پەقەت بەش كىشىلىك تىزىملىك بېكىتىلىپ چىقىش بەلگىلەنگەن. 1938- يىلى پېئارل باك تۇنجى قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەندە بەزى تالاش- تارتىشلار كۆرۈلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مۇشۇ «قىسقا تىزىملىك» تە ئىسىمى كۆرۈلگەن يازغۇچىلارلا تاللىنىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشكەن. بۇ تىزىملىك بېكىتىلگەندىن كېيىن باشقا باھالاش ھەيئەتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. 10- ئايدىكى بىلەت تاشلىنىشتىن بۇرۇن ھەيئەتلەر نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن يازغۇچىلارنىڭ ھەممە ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىقىشى شەرت. خوراس ئېنگىداخىل ھەيئەتلىككە تەيىنلەنگەن تۇنجى يىلى فونتېيىنبلۇ (پارىژغا يېقىن جايدىكى بىر بازار) غا بېرىپ دەم ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن 60 كىلوگىرام يۈك- تاقنى توشۇشقا ھاۋالە قىلغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى دەم ئېلىش جەريانىدا ئوقۇپ چىقماقچى بولغان كىتابلار ئىدى. مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۈچۈن باھالاش كومىتېتى ئىنتايىن قاتتىق تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىققان. خوراس ئېنگىداخىل بۇرۇن ئاخبارات ئورۇنلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن بولغاچقا، بۇ جەھەتتە ناھايىتى تەجرىبىلىك ئىدى. باھالاش باشلىنىشى بىلەنلا ئۇ كەسپداشلىرىنى ئۆز جورىلىرىغا ھەر قانداق خەۋەرنى ئاشكارىلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ ئايالىمۇ كىمنىڭ نامزاتلىققا تاللانغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھەر قېتىم يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن ئۈستەلدىكى ھۆججەتلەر يىغىۋېلىنىپ، قەغەز توغراش ماشىنىسىغا سېلىنىپ كېسىپ تاشلىنىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە ئۇلار يېقىن ئەتراپتىكى ئاشخانىدا كەچلىك تاماق يېگەچ نامزاتلارنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئالغاندا شەرتلىك بەلگە ئىشلىتىدۇ. ئالايلۇق، 2005- يىلى باھالىغۇچىلار پاراڭلىشىۋېتىپ ھاررى پوتتېرنى تىلغا ئالغان، ئەمەلىيەتتە شۇ يىلى خارولد پىنتېر مۇكاپاتقا ئېرىشتى. باھالىغۇچى ھەيئەتلەر ئارىسىدا ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق ئالاقە قىلىش چەكلەنگەن. مۇشۇ ئارقىلىق باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ باھالاشقا تەۋسىيە قىلىش ۋە بىلەت تاشلاشقا ئائىت خەۋەرلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

9- ئاي كىرگەن ھامان خوراس ئېنگىداخىل «تىزىملىكتىكى ئىسىملار ئاشكارىلىنىپ كەتكەنمىدۇ؟» دېگەن ئەندىشىدە نوبېل مۇكاپاتى ئۈچۈن دو تىكىدىغان تور بېكەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ. لېكىن، تا ھازىرغىچە خارولد پىنتېرغا 30 ھەسسە دو تىكىلگەندىن باشقا، ھېچقانداق تاساددىپىيلىق كۆرۈلمىگەن. باھالىغۇچىلار ھەر يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ ھەر پەيشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىدۇ ۋە ھەر قايسىسى ئۆز دەلىل- ئىسپاتلىرىنى كۆرسىتىپ، تاكى مۇكاپات نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان كۈنى بېكىتىلگىچە بولغان ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەرگىچە كەسكىن مۇنازىرىلىشىدۇ. 2007- يىلى باھالاش كومىتېتىدىكى بىر باھالىغۇچى ۋاپات بولغان، يەنە بىر باھالىغۇچىنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەن. شۇڭا 14 كىشىلىك باھالاش ھەيئىتى بىلەت تاشلىيالىغان، يەنى سەككىز تال بىلەت چۈشكەندىلا ئاندىن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى سايلاپ چىققىلى بولاتتى. باھالىغۇچىلارنىڭ پىكرى بىرلىككە كەلگەندە خوراس ئېنگىداخىل سائەت 12 يېرىمدا ئاستاغىنە زالدىن چىقىپ، ئىشخانىسىغا كىرىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. سائەت بىردە ئىشخانىسىدىن چىقىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارغا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىسىمىنى جاكارلايدۇ.

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش تەرتىپى ناھايىتى قاتتىق. ئەمما باھالاش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئامىللار تۈپەيلى، بەزىدە ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.

بۇ ئامىللارنىڭ ئىچىدە باھالىغۇچىلار ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. باھالىغۇچىلار ئەلۋەتتە ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا كۈچەيدۇ. ئەمما ھەدېسىلا دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە شەخسىي قىزىقىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شىۋېتسىيە بىر كىچىك دۆلەت. بىراق، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان يازغۇچىلار بەكلا كۆپ. لېكىن، بۇنىڭ باھالىغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بىلەن ئالاقىسى يوقمۇ ئەمەس. شىۋېتسىيەلىك شائىر ھاررى مارتىنسون 1974- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن بەك كۆپ تەنقىدكە دۇچ كەلگىنى ئۈچۈن 1978- يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى قورسىقىغا قايچا تىقىپ ئۆلۈۋالغان. مۇشۇ ۋەجىدىن، باھالىغۇچىلار ئۆز دۆلىتىدىكى يازغۇچى- شائىرلارنى باھالىغاندا ناھايىتى ئەندىشە ئىلىكىدە تەكرار- تەكرار ئويلىنىدىغان بولغان. بۇمۇ بەلكىم شۇنىڭدىن كېيىن شىۋېتسىيەلىك يازغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەسلىكىنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كېرەك.

ھەر بىر باھالىغۇچى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى بىر مۇتەخەسسىس ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار چەت ئەل ئەدەبىياتىغا ناھايىتى قىزىقىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىختىن بېرى ئەدەبىيات دۆلىتى فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئالاھىدە قويۇق بولغان كىشىلەردۇر. ئالايلۇق، خوراس ئېنگىداخىلنىڭ ئۆزىمۇ پەيلاسوپ دېررىدانىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. گۇنايىر ۋالكىست مارسىل پىرۇسىتنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. جېس بېل سۋېن بلو ئىلگىرى پارىژدا ئوقۇتقۇچى بولغان. ئايال باھالىغۇچى كاتارىنا فوروستىنسون نوقۇل مارگارت دۇراسنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭ يولدىشىمۇ فىرانسىيەلىك. بىز مۇشۇ ۋەجىدىنلا باھالىغۇچىلاردا فىرانسىيەگە يان بېسىش ئەنئەنىسى بار دېسەك بولمايدۇ. بىراق، ئالبېرت كامۇس 1957- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ كۈچ چىقىرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا فىرانسىيەدە ئالقىشلىنىۋاتقىنى يەنىلا ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى بىر ئەۋلاد پېشقەدەم يازغۇچىلار ئىدى. لېكىن، خيامارتا جىلبېگ بىلەن بىرگېر ئىكېبگ مارشالدىن ئىبارەت بۇ ئىككى باھالىغۇچى 1949- يىلىدىن باشلاپلا كامۇسنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغانىدى. ئۇلار سەككىز يىل ئىچىدە كامۇس ئۈچۈن مەخسۇس تۆت پارچە دوكلات يازغان، 1949- يىلى يېزىلغان دوكلاتنىڭ سەھىپىسى 30 بەتكە يەتكەن. باھالاش كومىتېتى ئىزچىل ئۇنىڭ بىرەر كاتتا ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشىغا تەشنا بولغان. 1956- يىلى كامۇسنىڭ «چۈشكۈنلىشىش» ناملىق ئەسىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەر باھالىغۇچىلارغا قالتىس ياراپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئالبېرت كامۇس 1957- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. كامۇس مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىش نۇتۇقى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئالايىتەن ئاكادېمىك ئىكىبېگ ئەر- ئايالنى زىياپەت ئۈستىلىگە باشلاپ كېلىپ ئولتۇرغۇزغان. بۇ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئىكىبېگ مارشالغا بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقى ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، باھالاش نەتىجىسىگە تەۋسىيە قىلىنغۇچىنىڭ سالاھىيىتىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. باھالاش كومىتېتى باھالىغۇچىلارغا، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋە فىرانسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەۋسىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما شىۋېتسىيە خان ئوردىسىنىڭ تەۋسىيەسى تەبىئىيلا بەكرەك ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ. 1951- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى شىۋېتسىيە پادىشاھى گۇستاف Ⅵ نىڭ كىچىك ئىنىسى شاھزادە گىلليۇم ئۆز قولى بىلەن باھالاش كومىتېتىدىكىلەرگە بىر پارچە خەت يېزىپ، شۇ يىللىق مۇكاپاتنى فىرانسوۋا مورىياكقا بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئۇ خېتىدە: «مورىياك كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياش يازغۇچىلارنىڭ پېشىۋاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن فىرانسىيە ئەدەبىياتىدا مۇھىم ۋە مەركەزلىك رول ئويناۋاتىدۇ» دەپ يازغان. شاھزادە گىلليۇمنىڭ قوللىشى ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. فولكىنېر دەل ئۇنىڭ قوللىشى بىلەن 1949- يىلى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا نوبېل مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان. مورىياك مۇشۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇدا ئۈچ قېتىم مەغلۇپ بولغان ئىدى. 1952- يىلىمۇ چېرچىل، ئالبېرت كامۇس ۋە مارلۇ قاتارلىقلارنىڭ كۈچلۈك رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن. لېكىن 1952- يىلى 11- ئاينىڭ 6- كۈنى يەنىلا تولۇق بىلەت بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك قارارى ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ شىۋېتسىيەنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى دەرھال ماشىنا بىلەن مورىياكقا خۇشخەۋەر يەتكۈزگىلى چاپقان. سىدگارمودا ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك زىياپەتتە مورىياك شىۋېتسىيە خانىشى، يەنى شاھزادە گىلليۇمنىڭ يەڭگىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان.

تەۋسىيە قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدىكى مىساللار بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئالايلۇق، 1946- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گېرمانىيە يازغۇچىسى ھېرمان ھېسسى 1931- يىلىدىن باشلاپلا 1929- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گېرمانىيەلىك يازغۇچى توماس ماننىڭ تەۋسىيەسىگە مۇيەسسەر بولغان. كېيىن يەنە باھالاش كومىتېتىدىكى ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى شىۋېتچىگە تەرجىمە قىلغان باھالىغۇچىنىڭمۇ ياردىمىگە ئېرىشكەن.

1960- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فىرانسىيەلىك شائىر جون پېرس فىرانسىيەنىڭ پېشقەدەم دېپلوماتىيە ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇنى مۇكاپاتقا تەۋسىيە قىلغان دوستى خاماشىر ھەم باھالىغۇچى، ھەم ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغدا ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى! گاۋ شىڭجيەننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى باھالىغۇچىلار ئارىسىدىكى خەنزۇ تىلىنى بىردىنبىر بىلىدىغان كىشى ما يۆرەندىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. گاۋ شىڭجيەننىڭ «روھ تېغى» ناملىق رومانىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى تېخى نەشر قىلىنماستا ما يۆرەن ئەپەندى بۇ روماننى شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغانىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، مۇكاپاتقا ئېرىشىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تاساددىپىي ئامىللارمۇ بار. ئالايلۇق، ئاندىرىي گىد 1946- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ، كېيىنكى يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ بۇنچە تېز مۇكاپاتقا ئېرىشىشى يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. باھالاش كومىتېتى بۇ جەھەتتە چوڭقۇر ساۋاققا ئىگە بولغان. فىرانسىيە شائىرى پاۋل ۋالېرىي نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئون قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. 1945- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشمەكچى بولغاندا، شۇ يىلى 7- ئايدا ۋاپات بولغان. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارىخىدا پەقەت بىرلا قېتىم ۋاپات بولۇپ كەتكەن يازغۇچىغا مۇكاپات بېرىلگەن، ئۇ بولسىمۇ شىۋېتسىيە شائىرى كارلفېلدىت بولۇپ، 1931- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. باھالاش كومىتېتى ئەسلىدە 1918- يىلىدىن باشلاپلا ئۇنىڭغا مۇكاپات بەرمەكچى بولغان، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ شىۋېتىسيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۆمۈرلۈك كاتىپىلىق سالاھىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇكاپات ئېلىشنى قەتئىي رەت قىلغان. ئۇ 1931- يىلى پېنسىيەگە چىقىپ خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئاكادېمىيە ئاخىرى ئۇنىڭغا مۇكاپات بەرمەكچى بولغان، كۈتمىگەندە ئۇ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. شۇنىڭ بىلەن باھالاش كومىتېتى ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ نوبېل مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلغان. بۇنى ئەلۋەتتە ئالاھىدە بىر مىسال دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇنداق ئىش كۆرۈلمىگەن. ئاندىرېي گىد 1947- يىلى 78 ياشقا كىرىپ قالغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى. باھالاش كومىتېتى ئۇنىڭ ھەر قاچان ۋاپات بولۇپ كېتىش خەۋپىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا شۇ يىلى مۇكاپات بەرگەن.

يازغۇچىلارنىڭ تەلىيىنىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىكى بىر ئامىل دېيىشكە بولىدۇ. 1953- يىلى ۋېنىستون چېرچىلنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى قاتتىق تالاش- تارتىش قوزغىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاساسلىقى ناتىقلىق سالاھىيىتى بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دائىمىي كاتىپى بىر قېتىملىق مەخپىي يىغىندا: «بۇ يىل ھېچكىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا ئېرىشەلمىدى، ئەمما ئاكادېمىيەرىمىز بۇ يىللىق ساننى كېلەر يىلىغا قالدۇرۇپ قويۇشنى خالىمايدۇ. شۇڭا چېرچىلنىڭ نامزاتلىق سالاھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ باقساق دەيمەن» دېگەن. باھالىغۇچىلار بىلەت تاشلاشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى شىۋېتسىيە تەرەپ ئاۋۋال دېپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ئۇنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىشىنى خالايدىغان- خالىمايدىغانلىقىنى مەخپىي ئىگىلىگەن. چېرچىل بۇنىڭغا قارىتا: «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشمەكچى بولغانلىقىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇڭا نوبېل مۇكاپاتى تارىخىدا چېرچىل ئالدىنئالا پىكىر ئېلىنغان نامزات بولۇپ قالغان.

1954- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھېمىڭۋايمۇ شۇنداق بولغان. باھالاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئۇنىڭغا بولغان باھادا ئىزچىل ئىختىلاپ ساقلانغان. 1947- يىلىدىكى بىر پارچە دوكلاتتا ھەتتا: «ئۇ بىر بۈيۈك شائىر ئەمەس، كىشىنى قايىل قىلغۇدەك بىر پارچە قالتىس ئەسىرىمۇ يوق» دەپ قارالغان. 1953- يىلى «بوۋاي ۋە دېڭىز» ناملىق ئەسەر نەشر قىلىنغاندىن كېيىن بۇ خىل قاراشتا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش بولغان. 1954- يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى ھېمىڭۋاي ھەققىدە بولۇنغان بىر قېتىملىق مۇنازىرىدە يېرىم سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇكاپاتقا سايلانغان. ئايروپىلان ئاۋارىيەسىدە يارىلانغان ھېمىڭۋاي سىدگارموغا مۇكاپات تاپشۇرۇۋالغىلى بېرىشقا ئامالسىز قالغان، شىۋېتسىيەنىڭ ھاۋانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئۇنىڭغا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا مال توشۇيدىغان پاراخوتقا ئولتۇرۇپ شىۋېتسىيەگە بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن.

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن باشلاپ، نامزات تاللاش ئىشىدا نۇرغۇن سەۋەنلىكلەرگە يول قويۇلغان. 1901- يىلى مۇكاپات تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان يىل بولۇپ، ئېمىل زۇلانىڭ ئەدەبىيات جەھەتتىكى نەتىجىسىنى پۈتۈن دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى درېيفۇس ۋەقەسىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئادالەتنى ياقلاشتا باشلامچىلىق رول ئوينىغانىدى. ئەسلىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئۇنىڭغا بېرىلىشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، ناتۇرالىزمغا بولغان خۇسۇمەت باھالىغۇچىلارنىڭ چىقارغان خاتا ھۆكۈملىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىشىغا ئىمكان بەرمىگەن. ئۇلار: «ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ھە دېسىلا ناھايىتى قوپال، رەڭ- بېزەكسىز، ئاددىي، سىدام تەسۋىرلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ ھال كىشىلەرنى ئىدىيالىزملىق خاھىشقا ئىگە يازغۇچىلارغا بېرىلىشى كېرەك بولغان مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا بېرىشنى تەۋسىيە قىلىشتىن توسۇپ قويىدۇ» دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا مۇكاپات بەرمىگەن.

يەنە شۇنداق سەۋەب تۈپەيلى، 1902- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئىتالىيەلىك تارىخشۇناس مومسېنغا بېرىلگەن. ئەمما نامى جاھانغا تارالغان ئۇستاز يازغۇچى تولىستويغا «ئەسەرلىرىدە قورقۇنچلۇق ناتۇرالىزملىق تەسۋىرلەرنى ئىشلەتكەن»، «مەدەنىيەتكە دۈشمەنلىك نەزەردە قارىغان»، «نەزەرىيە جەھەتتە ھۆكۈمەتسىزلىك خاھىشى كۆرۈلگەن» دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇكاپات بېرىش رەت قىلىنغان. 1936- يىلى سىگموند فىرىئۇد 1915- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچى رومىن روللاندنىڭ تەۋسىيەسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەلىماتلىرى شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. باھالىغۇچىلار ئۇنى «تەسەۋۋۇرنى بۇرمىلىغان»، «تىلنى ئەر- ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى قاتارىدا كۆرۈپ كەمسۇندۇرغان» دەپ تەنقىد قىلغان. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، ئۇ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم نامايەندىلەرنى چىرىتىۋەتكەن، دەپ قارىغان.

مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئەڭ ئەگرى- توقاي بولغىنى فىرانسىيەلىك شائىر مارلو. ئۇ دۈشمەنگە باتۇرلارچە قارشى تۇرۇشتەك شەرەپلىك كەچۈرمىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن رىۋايەت تۈسىگە ئىگە كاتتا يازغۇچى. ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئۈچ قېتىم نائىل بولغان. ئەپسۇس، ھەر قېتىمدا ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتتا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تاجىنى كىيىش باشقا يازغۇچىلارغا نېسىپ بولۇپ كەتكەن. 1947- يىلى ئۇ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تۇنجى قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەندە ئاران 46 ياشتا ئىدى. لېكىن، بەك ياش بولغاچقا، بىر نەچچە يىل ساقلىسا ھېچنېمە بولمايدۇ دەپ قارالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئورنىغا ياشانغان ئاندىرېي گىد مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەر يىلى دېگۈدەك نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. 1957- يىلى ئۇ «تەسەۋۋۇردىكى مۇزېي» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئالبېرت كامۇسنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن تۇنجى قىلغان گېپى «مۇكاپاتقا ئەسلى مارلو ئېرىشىشى كېرەك ئىدى» بولغان. سىياسىي جەھەتتىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئالبېرت كامۇس مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدە تەنقىدكە ئۇچرىغان، مارلو بولسا ئۇنى تەبرىكلىگەن بىردىنبىر يازغۇچى بولۇپ قالغان. ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىقى 1967- يىلى يۈز بەرگەن. شۇ يىلى مارلونىڭ «ئەسلىمىگە قايتىش» ناملىق ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. بىراق، چېرچىلنىڭ 1953- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئىختىلاپ قوزغىغانلىقى ئۈچۈن باھالىغۇچىلار ھۆكۈمەت ئەزالىرىغا مۇكاپات بەرمەسلىككە قەسەم ئىچكەن ئىدى، ھەتتا مەدەنىيەت ئەمەلدارى بولغان تەقدىردىمۇ مۇكاپات بېرىشكە بولمايدۇ دەپ بېكىتىلگەنىدى. مارلو شۇ چاغدا دى گول ھاكىمىيىتىدە مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولغاچقا چەتتە قالدۇرۇلغانىدى. 1969- يىلى ئۇ ھۆكۈمەتتىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ساموئېل بېككىت ۋە سولژېنىتسىن قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد يازغۇچىلارنىڭ شۆھرىتى راسا ئەۋجىگە چىققان بولغاچقا، مارلو نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈمىدىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قالغان.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «كىتاب ئوقۇش» ژۇرنىلىنىڭ 359- سانى (2007- يىل 10- ئاي) دا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرى ۋە خوراس ئېنگىداخىلنىڭ زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان. بۇ سان ژۇرنالغا يەنە فىرانسىيە گونكۇرت ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالىنىش مۇساپىسىمۇ ئېلان قىلىنغانىدى. مەسخىرە تۈسىنى ئالغىنى شۇكى، گونكۇرت ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردا نەشرىياتلار بىلەن باھالىغۇچىلار مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماستىن ئۆزلىرىگە بىلەت توپلىغان. يەنى نەشرىيات سودىگەرلىرى باھالىغۇچى دوستلىرىغا باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان رومانلارنى تەۋسىيە قىلغان. ھەر قايسى نەشرىياتلارغا قاراشلىق باھالىغۇچىلار ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئوخشىمىغان تاكتىكىلارنى قوللانغان. نەشرىيات سودىگەرلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرىنى سېتىش ياكى مۇشۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەپچىل نۇسخىلىرىنى بېسىش ئارقىلىق زور پايدىغا ئېرىشكەن. باھالىغۇچىنىڭ ئۆزى ياكى باھالىغۇچلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن نەشر قىلىش توختاملىرىنى تۈزۈش، باھالىغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارلارنى تەشكىللىگەن. كىشىنى مەمنۇن قىلىدىغىنى شۇكى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالىغۇچىلىرىدا بۇ جەھەتتە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەن. باھالىغۇچىلاردىكى بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئاساسلىقى شۇ چاغدىكى دەۋر شارائىتى پەيدا قىلغان.

دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ناھايىتى تېز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرمۇ تەدرىجىي ھالدا ياۋروپادىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا، بولۇپمۇ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئافرىقا قىتئەسىگىچە كېڭەيگەن. خۇددى خوراس ئېنگىداخىلنىڭ ئېيتقىنىدەك، فىرانسىيەدە يېڭى پىروزىچىلار ئېقىمى ۋە قۇرۇلمىچىلىق قاتارلىق تەجرىبە خاراكتېرىنى ئالغان ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر ھالدا كىلاسسىك بىر دەۋرنى ياراتتى. نۆۋەتتە فىرانسىيە ئەدەبىيات سەھىنىسىدە دەل شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. لېكىن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەرگىزمۇ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى چەتتە قالدۇرۇپ قويمايدۇ. ئۇ يەنە: «ئەدەبىياتنى نوقۇل پىروزا ياكى شېئىرىيەت جەھەتتىلا چەكلەپ قويماسلىق كېرەك، چۈنكى 1950- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بېرتىراند رۇسسېل، 1953- يىلى مۇكاپاتقا ئېرشىكەن ۋېنىستون چېرچىل قاتارلىقلار ئېچىپ بەرگەن يولنى بويلاپ ماڭساق، ناھايىتى مۇھىم بولغان ‹دەلىل- ئىسپات ئەدەبىياتى› نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغانلىقىنى بايقايمىز، بۇ خىل ئەدەبىيات ژانېرىنىڭ ساياھەتنامە ۋە ئەركىن خاتىرە قاتارلىق نۇرغۇن شەكىللىرى بار» دەپ كۆرسەتكەن. يۇقىرىقى بايانلاردىن بىز يېڭى ئەسىردىكى ئەدەبىيات مەنزىرىسىگە قارىتا ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلىمىز.

(ئاپتور: جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە)

خەنزۇچە «چەت ئەل ئەدەبىياتى» تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى

 بۇ ماقالە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان

]]>
?feed=rss2&p=12157 0
جۇڭگونىڭ پەلسەپە تەرەققىياتىغا دۇنياۋى نەزەردە تۇرۇپ قاراش ?p=12153 ?p=12153#respond Thu, 23 Jul 2015 11:02:27 +0000 ?p=12153 جۇڭگونىڭ پەلسەپە تەرەققىياتىغا دۇنياۋى نەزەردە تۇرۇپ قاراش

ياڭ گوروڭ

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

(بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان) 

ئۇزاق تەرەققىيات داۋامىدا پەلسەپەدە ھەم ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات خاھىشى نامايان بولدى، ھەم كۆپ خىل ھالەت شەكىللەندى. كېيىنكىسى ئوخشىمىغان پەيلاسوپلارنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە ئوخشىمىغان پەلسەپە ئېقىملىرىنىڭ ئۆزىگە خاس يۆنىلىشىدە گەۋدىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆز ئارا پەرقلىق بولغان مەدەنىيەت سىستېمىسىغا بېرىپ تاقالدى. يېقىنقى زاماندىن ئىلگىرى جۇڭگو پەلسەپىسى بىلەن غەرب پەلسەپىسى ئىككى خىل سىستېما بولۇش سۈپىتى بىلەن نىسبەتەن مۇستەقىل مۇھىتتا تەرەققىي قىلدى. ئىككى پەلسەپە سىستېمىسى چىڭ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قىسقا، ئاندا- ساندا ئۇچراشقاندىن باشقا، بۇ ئىككى پەلسەپە سىستېمىسى ئارىسىدا ماھىيەتلىك ئۇچرىشىش كۆرۈلمىدى. لېكىن، يېقىنقى زاماندىن كېيىن، بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى. غەرب پەلسەپىسىنىڭ شەرققە سىڭىپ كىرىشى ھەمدە جۇڭگو پەلسەپىسىنىڭ غەرب پەلسەپىسىگە بولغان تۈرلۈك ئىنكاسلىرى پەلسەپىۋى تەپەككۇر ئۆزىنى قاچۇرالمايدىغان تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئايلاندى. جۇڭگو پەلسەپىسىنى دۇنياۋى نەزەردە تۇرۇپ قانداق چۈشىنىش مەسىلىسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ پەيدا بولدى.

جۇڭگو پەلسەپىسى بىلەن غەرب پەلسەپىسىنىڭ شەكىل ۋە ماھىيەت جەھەتتىكى پەرقى

تارىخىي نۇقتىدىن تۇرۇپ قارىغاندا، رايون خاراكتېرلىك ھەمدە ئوخشىمىغان مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى. جۇڭگو- غەرب پەلسەپىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل پەرق شەكىل ۋە ماھىيەت جەھەتتىكى ئىككى قاتلامدا گەۋدىلەندى.

شەكىل قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، پەلسەپە لوگىكىلىق تەپەككۇر ۋە تەن ئارقىلىق سېزىش، تەن ئارقىلىق ھېس قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. بىراق، ئوخشىمىغان پەلسەپە فورمىلىرىغا كونكرېت ئەھمىيەت بېرىشتە ئوخشىماسلىق بار. نىسبىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، غەرب پەلسەپىسى دەسلەپكى مەزگىللەردىن باشلاپلا لوگىكىلىق تەھلىل ۋە لوگىكىلىق يەكۈنگە بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن. جۇڭگو پەلسەپىسى بولسا دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، تەن ئارقىلىق سېزىش، تەن ئارقىلىق ھېس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ماھىيەتلىك قاتلامدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەلسەپىۋى تەپەككۇر ئۆزلۈكنى تونۇش ۋە ئۆزلۈكنى يارىتىش بىلەن دۇنيانى تونۇش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە بېرىپ چېتىلغان. مەيلى جۇڭگو پەلسەپىسى ياكى غەرب پەلسەپىسى بولسۇن، ھېچقايسىسى مۇشۇ تۈپ مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. ھالبۇكى، ئەھمىيەت بېرىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەر ئىككىلىسى ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان. ئەگەر غەرب پەلسەپىسى دۇنيانى تونۇش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ دېيىلسە، ئۇ ھالدا جۇڭگو پەلسەپىسى ئەھمىيەت بېرىش نۇقتىسىنى ئۆزلۈكنى تونۇش ۋە ئۆزلۈكنى يارىتىشقا بەكرەك قاراتقان.

ئەلۋەتتە، پەرقنى يۇقىرىقىدەك ئايرىشنىڭ ئەھمىيىتى نىسبىي بولىدۇ. بىز ھەم شەكىل قاتلىمى نۇقتىسىدىن «جۇڭگو پەلسەپىسىدە لوگىكىلىق تەھلىل ۋە لوگىكىلىق يەكۈن كەمچىل، غەرب پەلسەپىسى دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر ۋە تەن ئارقىلىق سېزىش، تەن ئارقىلىق ھېس قىلىشنى رەت قىلىدۇ» دېيەلمەيمىز، ھەم ماھىيەتلىك قاتلام نۇقتىسىدىن «جۇڭگو پەلسەپىسى دۇنيانى تونۇش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە تامامەن ئېتىبارسىز قارايدۇ، غەرب پەلسەپىسى بولسا ئۆزلۈكنى تونۇش ۋە ئۆزلۈكنى يارىتىشقا سەل قارايدۇ» دېيەلمەيمىز. جۇڭگو پەلسەپىسى بىلەن غەرب پەلسەپىسىنىڭ ئېتىبار بېرىدىغىنى ئوخشىمايدۇ، شۇنداقلا كۆپ خىل مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا ۋە تارىخىي ماكاندا دۇنيانى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چۈشىنىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.

بىلىملەرنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن دۇنيا تارىخىنىڭ شەكىللىنىشى

«دۇنيا پەلسەپىسى» نى بارلىققا كەلتۈردى

تارىخ رايون چەكلىمىسىدىن ھالقىپ چىقىپ دۇنيا تارىخىغا يۈزلەنگەنسېرى، تارىخىي ماكان قاتارلىق جەھەتلەردىكى چەكلىمىلەردە مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۆسۈشلەر بارلىققا كەلدى. بۇ، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن چېگرادىن ھەقىقىي ھالقىپ چىقىپ، پۈتكۈل دۇنياغا بولغان چۈشىنىشنى تارىخىي ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يېقىنقى دەۋرلەردىن بۇيان، بىلىمنىڭ ئۈزۈكسىز پارچلىنىشىغا ئەگىشىپ، پەن مەنىسىدىكى ئوخشىمىغان بىلىم فورمىلىرى تەدرىجىي ھالدا نىسبەتەن مۇستەقىل بولغان مەرتىۋىگە ئېرىشتى ھەمدە بارغانسېرى مەخسۇسلىشىش، كەسپلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. بىلىمنىڭ بۇنداق تەدرىجىي پارچىلىنىشى ھەم ئەقىلنىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ كېلىشىنى مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلىدى ھەم چەكلىمىدىن ھالقىپ بىرلىككە كەلگەن قاتلامدىن دۇنيانى چۈشىنىشنى بارغانسېرى زۆرۈرىيەتتەك بىر خىل ھالەتكە ئەكەلدى.

تەپەككۇرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىلىمنىڭ پارچىلىنىشى كىشىلەرنىڭ ئىدراكىي ئۇسۇل بىلەن دۇنيانى ئىگىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. ئەمەلىيەتتە، مەۋجۇدىيەتنى ئىدراكىي ئۇسۇلدا چۈشىنىش ـــ يېقىنقى دەۋرلەردىن بۇيان بىلىمنىڭ ئۈزۈكسىز پارچىلىنىش جەريانىدىكى ماس قەدەملەك يۈزلىنىش بولۇپ گەۋدىلەندى. ئۇنداقتا، بىلىملەر پارچىلىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن دۇنيانىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قانداق ئىگىلەيدۇ؟ بۇ ـــ ھازىرقى زامان پەلسەپە تەتقىقاتى ئۆزىنى قاچۇرالمايدىغان مەسىلە. مۇشۇ مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش جەريانى ـــ دەل «دۇنيا پەلسەپىسى» گە يۈرۈش قىلىش جەريانىدۇر. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئاتالمىش «دۇنيا پەلسەپىسى» نى ئەقىلنىڭ زامانىۋى شەكلى ياكى زامانىۋى شەكىلدىكى ئەقىل دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

پەلسەپە ئەقىل فورمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەم بىلىمنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىش ئارقىلىق ئومۇمىي يۈزلىنىشنى ئىپادىلەيدۇ ھەم ئىچكى جەھەتتىن قىممەت جەھەتتىكى ئەھمىيەت بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنى شۇكى، «دۇنيا پەلسەپىسى» ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن دۇنيانىڭ ئادەمگە بولغان ئەھمىيىتىنى چۈشىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەيلى دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئەقىل فورمىسى بولسۇن ياكى زامانىۋى ئەقىل فورمىسى بولسۇن، پەلسەپە مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا «以人观之». بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «以人观之» ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلى ياكى ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا دۇنياغا بولغان تونۇش ۋە چۈشەنچىنى قانات يايدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنىدىكى «以人观之» ھەرگىزمۇ «以道观之» بىلەن توقۇنۇشمايدۇ. ئاتالمىش «以道观之» ئادەمنىڭ دۇنيانى ئەخلاق ئۆلچىمى نۇقتىسىدىن «كۆزىتىشى» دىن باشقا نەرسە ئەمەس.

كەڭ نەزەردىن قارىغاندا، «تارىخنىڭ تامامەن دۇنيا تارىخىغا ئايلىنىشىغا ئۆزگىرىشى» ھەمدە جۇڭگو ۋە غەرب پەلسەپىسىنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىشى ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا جۇڭگو پەلسەپىسى بىلەن غەرب پەلسەپىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ھەقىقىي مەنىدىكى دۇنياۋى ئۆلچەمگە ئىگە بولۇشقا باشلىدى، پەلسەپەنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى «دۇنيا پەلسەپىسى» گە يۈرۈش قىلىشتىن دېرەك بەردى. تارىخنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى دۇنيا تارىخىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى تەدرىجىي گەۋدىلىنىشكە باشلىدى، ئىنسانلارنىڭ كىملىك مەسىلىسى ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدىنمۇ بەكرەك زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى. ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىدىئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەر خىل شەكىلدىكى پەرق، توقۇنۇشلار ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بىراق، بۇنداق پەرق ۋە توقۇنۇشنىڭ ئۆزىمۇ يەنىلا دۇنيا تارىخىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە بولۇپ، بۇ پەرق ۋە زىددىيەتلەرنىڭ پەسىيىشى ئومۇمىي دۇنياۋى نەزەرىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئومۇمىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق، مۇھىتنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىقلار بارغانسېرى رايون، مىللەت ۋە بىر دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىپ، دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلاندى. ئوخشىمىغان دۆلەت، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى تەدرىجىي ھالدا ئۆز ئارا زىچ بىرلەشتى. بۇنداق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا «دۇنيا پەلسەپىسى» ئىنسانلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە دۇنيانى كۆزىتىشىنىڭ ئادەمگە بولغان ئەھمىيىتى بولۇپ ئىپادىلەندى. بۇ خىل ئەھمىيەت يالغۇز دۇنياغا بولغان چۈشەنچە ئارقىلىقلا ئىپادىلىنىپ قالماي، بەلكى دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۈزۈكسىز دەلىللەندى.

دۇنياۋى نەزەردىكى جۇڭگو پەلسەپىسىنىڭ تەرەققىيات يولى

دۇنياۋى نەزەردىكى پەلسەپەنىڭ تەرەققىيات يولى ئوخشىمىغان پەلسەپەلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. كېيىنكىسىدىن قارىغاندا، دۇنياۋى نەزەردىكى پەلسەپە ياكى «دۇنيا پەلسەپىسى» پەلسەپە تەرەققىياتىنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەنبەسى ۋە كۆپ مەنبەلىك ئەقىلگە يەنىمۇ چېتىشلىق بولىدۇ. بۇ مەنىدىكى «دۇنيا پەلسەپىسى» تاق ياكى بېكىك ئەنئەنىدىن ھالقىش، ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا شەكىللەنگەن ئوخشىمىغان ئەقىل فورمىسىدىن پايدىلىنىپ دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئۈزۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە پەلسەپىۋى ئويلىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.

ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلدە جۇڭگو پەلسەپىسى، غەرب پەلسەپىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسىدە نىسبىي مۇستەقىل ھالەتتە تەرەققىي قىلغان. تارىخ دۇنيا تارىخىغا ئايلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا پەلسەپە تۇنجى قېتىم ھەقىقىي مەنىدە تاق نەزەرىيە مەنبەسى ۋە ئەنئەنىسىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئىنسانلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئەقىل- پاراسىتىدىن ھەقىقىي پايدىلىنىش ئارقىلىق دۇنيانى ۋە ئادەمنىڭ ئۆزىنى تونۇدى ھەمدە دۇنيانى ۋە ئادەمنىڭ ئۆزىنى يارىتىش جەريانىدا ئەركىن غايىسىنى ئۈزۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

كۆپ قاتلاملىق مەنبەلەردىن ئوزۇق ئېلىش، قەدىمىي ئەمما دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان پەلسەپە مەسىلىسىدە ئىجادىي جەھەتتىن ئىزاھلاش جەھەتتە جۇڭگو پەلسەپىسى مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن. جۇڭگو پەلسەپسى تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا توپلانغان مول ئەقىل- پاراسەت مەنبەسىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ناھايىتى مول نەزەرىيەۋى پەزىلەتكە ئىگە بولۇپ، ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساق روھىي ھالەت بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى (غەرب پەلسەپىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. تارىختا جۇڭگو پەلسەپىسى مۇشۇ شەكىلدە سىرتتىن كەلگەن بۇددا دىنىنى ھەزىم قىلىش ۋە قوشۇۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنى بېيتقان ھەمدە تەرەققىي قىلغان. جۇڭگو پەلسەپسى بۈگۈن ۋە كەلگۈسىدە ئۆزىدە مۇجەسسەملەنگەن مول ئىدىيەۋى نەتىجىلەر ھەمدە ئېچىۋېتىلگەن مەۋقەدىن چىقىپ تۇرۇپ، غەرب پەلسەپىسىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئادەمگە بولغان تەتقىقات ۋە تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

(«شىنخۇا تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 8- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)

 

مۇھەررىر: ئوسمانجان مۇھەممەت

]]>
?feed=rss2&p=12153 0
دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەشھۇر رومانلار (3) ?p=12140 ?p=12140#respond Sat, 30 May 2015 04:20:56 +0000 ?p=12140 دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى 

(رومان) 

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى (ئەنگلىيە)

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

(بۇ روماننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 2009- يىلى 8- ئايدا نەشر قىلىنغان) 

روماننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

19- ئەسىردىكى ئىستېتىزمنىڭ ۋەكىلى، دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئاجايىپ تالانتلىق شەخىس ئوسكار ۋىلدى (1854- 1900) دۇبلىندا تۇغۇلغان. «دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى» ناملىق بۇ ئەسەر ئوسكار ۋىلدىنىڭ بىردىنبىر رومانى بولۇپ، ئىستېتىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەردە مۇنداق ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ: دورىياننىڭ قاملاشقان چىرايى رەسسام بازىل خالۋاردنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامى ۋە بەدىئىي تەسەۋۋۇرىغا زور ئىلھام بېرىدۇ– دە، دورىياننىڭ پورتېرىتىنى ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت بىلەن سىزىپ چىقىدۇ. دورىيان گرېي ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز قاملاشقان چىراينىڭ رەسىمدە ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ، ئاشۇ قاملاشقان چىرايىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرىپ سەتلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ھازىرقى مۇشۇ جەلىپكار قىياپىتىنىڭ ھامىنى يوقىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ چەكسىز ئىزتىراپ چېكىدۇ ۋە روھىنى ئالماشتۇرۇش بەدىلىگە ياشلىق باھارىنى، قاملاشقان چىرايىنى ساقلاپ قېلىش، چىرايىدىكى يىللارنىڭ ئىزناسى بولمىش قورۇقلارنى رەسىمىگە يۈكلەپ قويۇشتەك بىر ئىستەك كاللىسىغا كېلىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن مۆجىزە يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ بۇ ئىستىكى راستىنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، لورد ھېنىرىنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، دورىيان مودا قوغلىشىپ، راھەت– پاراغەتلىك تۇرمۇشقا بېرىلىپلا كېتىدۇ. خىيالىغا كەلگەننى قىلىدۇ، ۋۇجۇدىدا ھېيىقىش، خىجىل بولۇش دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. ئۆزىنى ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالغان ياش ئارتىسىت قىز سىبىل ۋېيىنغا شەپقەتسىزلىك قىلىپ، قىزنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. دەسلەپتە سىبىلنىڭ ئۆلۈمىدىن يۈرىكى پۇچۇلىنىدۇ. لېكىن، لورد ھېنىرىنىڭ «ياشلىق ئادەمگە باقىۋەندە ئەمەس، ياشلىقىڭدا قانغۇچە ئويناپ– كۈلۈۋال» دېگەندەك گەپلىرىدىن تېزلا ئۆزگىرىپ، غېمىدە يوق ئويناپ– كۈلۈپ ياشاۋېرىدۇ.

دورىياننىڭ نۇرغۇن دوستلىرىمۇ ئۇنىڭ چۈشكۈن ۋە شاللاقلىقى تۈپەيلى، ئابرويى تۆكۈلۈپ ۋەيران بولىدۇ. رەسسام بازىل خالۋارد ئۇنىڭ بۇ چۈشكۈن قىياپىتىگە ئېچىنىپ ، ئۇنى قايتىدىن ئادەم بولۇشقا ئۈندەيدۇ. بۇنىڭدىن غەزەبلەنگەن دورىيان ئاچچىقىدا بازىلنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ۋە يەنە بىر دوستىغا تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇپ يۈرۈپ، بازىلنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرگۈزۈپ ئىزىنى يوقۇتىۋېتىدۇ. ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇ شۇنچە يىل ئەيىش– ئىشرەت بىلەن ياشىغان بولسىمۇ، لېكىن چىرايىدىن كەتمەي، 20 ياش ۋاقتىدىكىدەك ياپياش تۇرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ پورتېرىتى خۇنۇكلىشىپ، رەسىمنىڭ ئاغزى ئەتراپلىرىغا قورۇقلار چۈشۈشكە باشلايدۇ. ئاخىرىدا دورىيان رەسىمدىكى بەدبەشرە ھالىتىنى كۆرۈپ ، ئۆزىنىڭ تالاي جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ شاھىدى بولمىش بۇ رەسىمنى پىچاق بىلەن يىرتىپ تاشلىماقچى بولغاندا، ئويلىمىغان يەردىن پىچاق ئۆزىنىڭ كۆكسىگە سانجىلىدۇ. دەل شۇ چاغدا، رەسىم ئەسلىدىكى چىرايلىق ھالىتىگە قايتىپ قالىدۇ. خەنجەر دورىياننىڭ كۆكسىگە سانجىلغاندىن كېيىن، روھى تېنىدىن ئاجرايدۇ ۋە ئەسلىدىكى قاملاشقان، سۇمباتلىق تۇرۇقىدىن ئەسەر قالمايدۇ.

روماندىكى باش پېرسۇناژ دورىيان گرېينىڭ چۈشكۈنلۈكى ۋە نامۇۋاپىق ھېسسىيات خاھىشى بىلەن ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى قائىدە– يوسۇنغا، ئالىيجانابلىققا ئىنتىلىش، مەدىنىي، ئەدەبلىك بولۇش ئۆز ئارا توقۇنۇشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، روماندا يەنە «ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى – ئازغۇنلۇققا باش ئېگىشتۇر» دېگەندەك نۇرغۇن «سەپسەتىلەر» ئۇچرايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ روماننى ئەستايىدىل ئوقۇپ كۆرگەندە، روماننىڭ مەزمۇنىغا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن ئىبرەتلىك مىساللارنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. خۇددى ھازىرقى زامان ئەدەبىي ئوبزورچى ۋېينار ۋېلكنىڭ ئېيىتقىنىدەك: «بۇ روماندا ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنى جازالايدىغان ئىبرەتلىك كارتىنىلار بار». مەزكۇر روماندا باش پېرسۇناژ دورىيان گرېي ، رەسسام بازىل خالۋارد ۋە لورد ھېنىرى قاتارلىق ئۈچ شەخس ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي تەبىئىتى، شەھۋەتخورلۇق، ئالىيجانابلىق، رەزىللىك، گۈزەللىك، بەد- بەشرىلىك قاتارلىق ئېتىكىلىق ئۇقۇملار ھېسسىي رەۋىشتە نامايەن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئاڭ قاتلىمىنىڭ قۇرۇلمىسىنى فروئىدنىڭ ئۈچ قاتلاملىق خاراكتېر نەزەرىيىسى بويىچە تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ ئۈچ پېرسۇناژ ئەمەلىيەتتە دورىياننىڭ ئوخشىمىغان ئۈچ خىل روھىي ھالىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بازىل خالۋارد ئۆزىدىن ھالقىش تىپىدىكى ئادەم. ئۇ ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل بولۇپ، دورىياننى قەدىر– قىممەتلىك ياشاشقا ئۈندەيدۇ. لورد ھېنىرى بولسا ئۆزلۈكنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ، «ئادەم ئاڭسىز ھايۋان، ئادەم ئۆزىدىكى ياۋايى ئىستەكنى ئىنكار قىلغاچقا، جازاغا مەھكۇم بولىدۇ » دەپ قارىغاچقا، دورىياننى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئويناپ– كۈلۈشكە، ياۋايى ئىستىكىنى ھەر ۋاقىت يېتەرلىك قاندۇرۇپ تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. دورىيان بولسا ئۆز تەبىئىتىگە نامۇناسىپ ئىش تۇتقان شەخىس، ئۇنىڭ قەلبى قاملاشقان چىرايىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. ئۇ سۈرىدىغان ھوزۇرنى سۈرۈپ، قىلىدىغان ئەسكىلىكىنى قىلىپ تويغاندىن كېيىن، رەسىمدىكى بەدبەشرە تۇرۇقىدىن قورقۇپ، رەسىمنى يىرتىپ تاشلىماقچى بولغاندا ئۆزى ھالاك بولىدۇ. رەسىم دورىيان جان ئۈزۈش بىلەن تەڭلا ئەسلىدىكى چىرايلىق ھالىتىگە قايتىدۇ. پورتېرىت بىلەن دورىياننىڭ ئۆلۈكى روشەن سېلىشتۇرما قىلىنغان بولۇپ، بۇنى سەنئەت بىلەن ئەمەلىيەت ھاسىل قىلغان مىسىلسىز سېلىشتۇرما دېيىشكە بولىدۇ. قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان دورىيان بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى، ئەمما پورتېرىت مەڭگۈ ساقلىنىپ قالدى . ۋىلدى ئىنتىلگەن «سەنئەت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . ھەتتا رېئاللىقنى، پايدا– مەنپەئەتنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەن ئىستېتىكىلىق ئىدىيىسى روماندا تولۇق ئەكسىنى تاپقان .

]]> ?feed=rss2&p=12140 0 دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەشھۇر رومانلار (2) ?p=12137 ?p=12137#respond Fri, 29 May 2015 04:18:23 +0000 ?p=12137 قەلئە

(رومان) 

ئاپتورى: فرانىز كافكا (ئاۋستىرىيە) 

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

(بۇ روماننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 2012- يىلى 6- ئايدا نەشر قىلىنغان) 

روماننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى 

فرانىز كافكا (1883- 1924) ئاۋستىرىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى بولۇپ، ھازىرقى زامان غەرب ئەدەبىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ جامىس جويىس، مارسىل پرۇست بىلەن بىر قاتاردا غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى دەپ قارىلىدۇ.

ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا ئۈچ پارچە رومان ۋە نۇرغۇن پوۋېست، ھېكايە، زور مىقداردىكى ئەدەبىي خاتىرە، فىليەتۇن، ھېكمەت، خەت- چەك، كۈندىلىك خاتىرىلەرنى يازغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى»، «ھۆكۈم»، «سۈرگۈندە»، «يېزا دوختۇرى»، «ئاچلىق سەنئەتكارى» قاتارلىق ھېكايە- پوۋېستلار توپلىمى، «سوراق» («ھۆكۈم» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان)، «ئامېرىكا»، «قەلئە» قاتارلىق  رومانلىرى بار. «قەلئە» كافكانىڭ سەھىپىسى ئەڭ چوڭ ئەسىرى بولۇپ، كافكانىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى ئەڭ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ھەم كىشىلەر تەرىپىدىن كافكانىڭ مۇھىم ئەسىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.

بۇ روماندا باش پېرسۇناژ K نىڭ قەلئەگە كىرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھېكايە قىلىنىدۇ، نۇرغۇن غەلىتە ۋە بىمەنە ئىشلار تەسۋىرلىنىدۇ. قەلئە ھېچقاچان يەر ئۆلچەش خادىمى تەكلىپ قىلمايدۇ، لېكىن K نىڭ يەر ئۆلچەش خادىمى سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. قەلئەگە قاراشلىق كەنت ئۇنچىۋالا چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ كەنتنى بىر توپ ئەمەلدار باشقۇرىدۇ. ئەمەلدارلارنىڭ سانى ئۆزلىرى باشقۇرىدىغان كەنت پۇقرالىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ. ئەمەلدارلارنىڭ كۈنى ئەتىگەندىن- كەچكىچە ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئىشخانىدىكى تېڭىق- تېڭىق ھۆججەتلەر تورۇسقا تاقاشقۇچە دۆۋىلىۋېتىلگەچكە ھېلىدىن- ھېلىغا يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئادەتتىكى ئەرزلەر، ئەرزىمەس تەلەپ- ئىلتىماسلار ئۈچۈن بيوروكراتلىق ئىنتايىن ئەۋج ئالغان بۇ غايەت زور ئاپپارات ئايلاپ- يىللاپ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. K تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قەلئەگە كىرمەكچى بولىدۇ. قەلئە ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر قەدەممۇ نېرى بولمايدۇ، لېكىن شۇنچە تىرىشقىنىغا لايىق قەلئەگە بىر قەدەممۇ يېقىنلىشالمايدۇ.

 K قەلئەگە كىرىش ئۈچۈن كلام ئىسىملىك بىر ئەمەلدار بىلەن كۆرۈشمىسە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە كلام بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايدۇ، لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. ئاخىرىدا قەلئەگە كىرىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ. رومان تولۇق ئاياغلاشمىغان بولۇپ، كافكانىڭ يېقىن دوستى ماكس برودنىڭ مەزكۇر روماننىڭ بىرىنچى نەشرىگە يازغان ئىلاۋىسىگە قارىغاندا، كافكا روماننى مۇنداق ئاياغلاشتۇرماقچى بولغان: K قەلئەگە كىرىش ئۈچۈن قىلمىغان ئامالى قالماي، زىيادە چارچاش تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدۇ. K سەكراتتا ياتقاندا قەلئەدىن K نىڭ كەنتتە تۇرۇپ قالسا ۋە شۇ يەردە خىزمەت قىلسا بولىدىغانلىقى، لېكىن قەلئەگە كىرسە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كېلىدۇ . . .

كافكا بۇ رومانىدا بىمەنىلەشتۈرۈش، مۇبالىغە قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق قاباھەتلىك چۈش تۈسىنى ئالغان دۇنيانىڭ رېئاللىقىنى ئېچىپ بەرگەن. روماندا تەسۋىرلەنگەن قەلئە ھوقۇقنىڭ سىمۋولى، دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى. ئاجايىپ يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ ھۆكۈمەت ئورگىنى ناھايىتى يېقىن يەردىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئەمما خەلقنىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭغا ھەر قانچە قىلىپمۇ يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ. روماندا ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئەۋج ئالغان بىيوروكراتلىق ئۆتكۈر ھەجۋىي تىل ئارقىلىق ئۇستىلىق بىلەن قامچىلانغان، ئوخشاش بىر تىپقا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ دۇنيا ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇنۇشلىرى تەپسىلىي تەسۋىرلەنگەن. روماندا تەسۋىرلىگەن ۋەقەلىك پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق نەرسە بولغانلىقتىن، كافكانىڭ ئەسەرلىرى دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان ۋە ناھايىتى ئالقىشلانغان.

 

]]>
?feed=rss2&p=12137 0
دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەشھۇر رومانلار (1) ?p=12135 ?p=12135#respond Thu, 28 May 2015 04:17:57 +0000 ?p=12135 جان قوزام

ئاپتورى: تونى موررىسون (ئامېرىكا) 

تەرجىمە قىلغۇچى: زۇلپىقار بارات ئۆزباش

(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 2014- يىل 12- ئايدا نەشر قىلىنغان) 

روماننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

«جان قوزام» ئامېرىكىلىق مەشھۇر يازغۇچى تونى موررىسوننىڭ چىن تارىخ ئاساسىدا يېزىپ چىققان رومانى بولۇپ، رومان ۋەقەلىكى ئوقۇغان كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ: قۇل ئايال سېس قىزىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قالىدۇ، قىزىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش قۇل بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن گۆدەك قىزىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئارىدىن 18 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قۇللۇق تۈزۈم بىكار قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇ ئۆز قولى بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرگەن قىزىنىڭ ئەرۋاھى پەيدا بولۇپ، ئۇنى كېچە- كۈندۈز ئازابلاپ ئارام بەرمەيدۇ؛ بۇرۇن ئۆتكەن قاباھەتلىك ئىشلار سېسنىڭ روھىنى چىرمىۋېلىپ، ئۇنى بىر مىنۇتمۇ ئارامىدا قويمايدۇ.

1987- يىلى نەشر قىلىنغان بۇ رومان ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك ئايال يازغۇچى تونى موررىسوننىڭ بەشىنچى رومانى بولۇپ، 1988- يىلى تونى موررىسون مۇشۇ رومانى بىلەن پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا، 1993- يىلى «جان قوزام»، «سۇلايمان ناخشىسى»، «جاز مۇزىكىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

«جان قوزام» ناملىق بۇ روماندا سېس ئىسىملىك بىر قۇل ئايال ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن «شېرىن ماكان» كېنتاكى قورۇقىدىن سىنسىنناتى قورۇقىغا قېچىپ بېرىۋالىدۇ. بىر ئايدىن كېيىن ئۇنى قۇلدار خوجايىن تۇتۇپ ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇ بالىسىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش قۇللۇق قىسمىتىگە دۇچار بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بالىسىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋېتىدۇ. ئۆز ئانىسىنىڭ قولىدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلگەن بۇ بالىغا «جان قوزام» دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ. ئۇمۇ بالىسىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆچمەنلىك نەزەردە قاراشلىرى ۋە چەتكە قېقىشلىرىغا ئۇچرايدۇ؛ بۇنىڭدىن ئېيتقۇسىز ۋىجدان ئازابىدا پۇچۇلىنىپ، چىدىغۇسىز تەنھالىق ۋە يالغۇزلۇق ئىچىدە ياشايدۇ. بالىنىڭ ئەرۋاھى ئۇنى زادىلا ئارامىدا قويمايدۇ. ئانىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بۇ بوۋاق 18 يىلدىن كېيىن بىر قىز سۈرىتىدە ئادەملەر ئارىسىغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئۆينى پاراكەندە قىلىپ ئارامچىلىق بەرمەيدۇ. ئانىسىدىن مېھىر ھەققى تەلەپ قىلىپلا قالماي يەنە ۋاستە تاللىماستىن پاۋلنى كۈشكۈرتۈپ، ئانىسىنىڭ تېخى ئەمدىلا تىنجىغان ۋە ئىللىغان تۇرمۇشىنى پاراكەندە قىلىپ ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. ئانا مېھرى بىلەن ئەركىنلىك ئەسلىدىنلا زىددىيەتلىك ئۇقۇم ئەمەس. ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ تارىخىدا بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر- بىرى بىلەن گويا سۇ بىلەن ئوتتەك چىقىشالمايدۇ. بىر ئانا ئەركىنلىكىنى، ھۆرلۈكىنى ئۆز قولىغا ئېلىش ئۈچۈن ئامالسىزلىقتىن باغرىنى يېرىپ چىققان قىزىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. رومان ۋەقەلىكلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جەھەتتە باشتىن- ئاخىر تەشۋىش ئارىلاشقان سېغىنىش ۋە ھەسرەت- نادامەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان شېئىرىي تۇيغۇ بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن. روماندىكى باش پېرسوناژ بىر ناتىۋان قارا تەنلىك قىز. جان قوزام ـــ سۆيگۈ- مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن بۇ قىز كېيىن ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، روھىي يۆلەك ئىزدەيدۇ. ئۇ سۆيگۈ- مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا يەنە مۇھەببەت ۋە نەپرەت ئارىسىدا قايتىدىن ھۆرلۈككە ئېرىشىدۇ.

]]>
?feed=rss2&p=12135 0
رۇمىنىيە يازغۇچىسى سورن پرېدا ?p=12129 ?p=12129#respond Tue, 26 May 2015 04:20:10 +0000 ?p=12129 رۇمىنىيە يازغۇچىسى سورن پرېدا

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

سورىن پرېدا (Sorn preda , -1951 ) رۇمىنىيىنىڭ ھېكايە يازغۇچىسى. پراگادا تۇغۇلغان. 1975 – يىلى بۇخارىسىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇزۇن يىل تەھرىرلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى ئەدەبىيات سەھىنىسىگە قەدەم قويغان. ھېكايە يېزىش ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيىتى. ئۇ ئەسەرلىرىدە پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى قېزىش، پىسىخىكىسىنى ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق خىلمۇ- خىل، ئۆزگىچە ھەم ئاجايىپ- غارايىپ ھېسسىي دۇنياسىنى نامايان قىلىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ رۇمىنىيە تەنقىدچىلەر ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن 80- يىللاردىكى يازغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى دەپ قارالغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ھېكايە باشلانماي تۇرۇپلا ئاخىرلاشقان» (1981)، «جۈزئى رەڭ»(1985)، «بىر كۈننى قوشۇۋېتىش ۋە ئېلىۋېتىش»(1988) قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى بار. ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «ئالتۇن يۇلتۇز» ژۇرنىلى مۇكاپاتى (1980)، «ئافېنا ئوردىسى» ژۇرنىلى مۇكاپاتى (1981)قاتارلىق ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. «تۆت بۈرجەكلىك مۇھەببەت» (Patratul dragostei) ناملىق بۇ ھېكايە «80 – يىللاردىكى يازغۇچىلارنىڭ ھېكايىلىرىدىن تاللانما» (گىئورگى كېرىزىن بىلەن ۋىئولىيىر ماريېناسا باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن ، شىمالىي كەڭلىك 45 گرادۇس نەشرىياتى ، 1980 – يىل نەشرى) دىن ئېلىندى. 

]]>
?feed=rss2&p=12129 0
پەيلاسوپلار نېمە دەيدۇ ?p=10884 ?p=10884#respond Mon, 25 May 2015 09:22:46 +0000 ?p=10884 ئەقلىي ئويغىنىش

ۋۇ گۇاڭيۈەن

تەرجىمە قىلغۇچى : ھەزرىتى ئەلى بارات

 (بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2010- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان)

 2500 يىل بۇرۇن گرېتسىيەلىك پىراتاگرا: «ئادەم – مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى» دېگەن ياڭراق شۇئارىنى توۋلىغانىدى .

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئادەم» ئىجتىمائىي «ئادەم» نى كۆرسەتمەستىن ، بەلكى يەككە «ئادەم» نى ، يەنى ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىدۇ . ئەگەر مۇشۇ يەككە بولمايدىكەن ، دۇنيادا توغرا بىلەن خاتانىڭ ، ياخشى بىلەن ياماننىڭ ھېچ ئېتىبارى قالمايدۇ . سىزدىن ئىبارەت يەككە بولغاندىلا ئاندىن ياخشى بىلەن يامان ، توغرا بىلەن خاتا ھەققىدىكى باھالارنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ . ئىدراك – ھەممىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم . ئەنئەنە ياكى ئاۋامنىڭ كۈچىنىڭ قانچىلىك زور بولۇشىدىن ، ھەتتا سىزگە خىلمۇ خىل بەدناملارنى ئاتا قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ، ھەرگىز ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەڭ . شۇڭا سوقرات مۇنداق دېگەن :

«دۇنيادا ھېچكىمنىڭ باشقىلارغا «ئۇنىڭغا ياكى بۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىسەن» دەپ بۇيرۇق قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلى خالىغىنىنى قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالىدىغان ھوقۇقى يوق .»

«ھەممىدىن گۇمان قىلىش ، ئۆزىگە ئىشىنىش» – شۇ چاغدا كىشىلەر ئەڭ چوقۇنىدىغان كۆز قاراش ئىدى .

يىراق ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسىمىدا تاغ جىنسىدىن پەيدا بولغان كىچىككىنە بىر يېرىم ئارال بار ، بۇ ئارال قىسقىغىنە ئىككى ئەسىر ۋاقىت ئىچىدىلا غەرب جەمئىيىتىنىڭ 2500 يىللىق تۇرمۇشىغا ئاساس سالدى . بۇ ئارال دەل قەدىمكى يۇناندۇر .

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 492 – يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 449 – يىلىغىچە ، قەدىمكى يۇنان بىلەن پارس ئىمپېرىيىسى ئارىسىدا زور كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىدى ، تارىختا بۇ ئۇرۇش «گرېتسىيە – پېرسىيە ئۇرۇشى» دەپ ئاتالدى . ئۇرۇش گرېتسىيە تەرەپنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى . گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافېنا غالىپلىق ھەيۋىسى بىلەن ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ «غوجا ئاكىسى» غا ئايلاندى . شۇنىڭ بىلەن ، ئەتراپتىكى باشقا جايلارنىڭ مەدەنىيىتى تەدرىجىي ھالدا ئافېناغا توپلىنىپ ، گرېتسىيە تارىخىدىكى تۇنجى سەھىپىنى ئاچتى ۋە «گرېتسىيە ئويغىنىش دەۋرى» باشلاندى .

«ئويغىنىش» دېگىنىمىز – كىشىنى پۈتۈنلەي ئاڭسىز ھالەتتىكى «نادانلىق» تىن قۇتۇلدۇرۇش ، ئىچكى «ئۆزلۈك ئېڭى» — «ئىدراكىي روھى» نى ئويغىتىش ئارقىلىق «ئۆزلۈك» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش ، «ئۆزلۈك» نى ئەنئەنىنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىدىن ئازات قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .

سوقرات : ئۆزۈڭنى تونۇ

گرېتسىيە – پېرسىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، «پۇقرالار سىياسىيسى» «ئاقسۆڭەكلەر سىياسىيسى» نىڭ ئورنىنى ئالدى ، شەخسنىڭ ئورنى يوقىرى كۆتۈرۈلدى ، پۇقرالارنىڭ ھەممىسى سىياسىيغا بىۋاستە ئارىلىشالايدىغان بولدى . سىياسىي بىلەن ھەپىلىشىشتە بىلىم بولمىسا بولمايتتى ، بىلىم ئاز ساندىكى كىشىلەرگىلا خاس نەرسە بولۇشتىن قېلىپ ، ئاددىي پۇقرالارغىچە ئومۇملاشتى . ئافېنانىڭ كوچىلىرىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىلىم قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى . ئابرويلۇق ، بىلىمدە توشقان زىيالىيلار كوچا – رەستىلەردە ئەركىن نۇتۇق سۆزلىدى ، شاگىرت ئېلىپ ، قانۇن ، تارىخ قاتارلىق پەنلەردىن تەلىم بەردى ، يەنە تېخى شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئوردىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ، ئەنئەنىنى تەنقىد قىلدى .

بۇنداق پۇقرالار سىياسىيسى ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكى گرېتسىيىلىكلەردە باراۋەرلىك ئېڭى ۋە يەككىلىك ئېڭىنى پەيدا قىلدى . ئۆزلۈكنىڭ ئويغىنىشى تەنقىدىي روھ ۋە گۇمانىزمنى تەرەققىي قىلدۇردى . چۈنكى جىمى نەرسە «ئۆزلۈك» نەزىرىنىڭ تەپتىش قىلىشىدىن ئۆتسە ، ئەنئەنىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇشتىن ، نوپۇزغا قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن ساقلانغىلى بولاتتى . مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى غەرب دۇنياسىدىكى دەسلەپكى «گۇمانىزم ھەرىكىتى» نى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى . بۇ يۈزلىنىشكە ۋەكىللىك قىلغۇچىلار «ئەقلىيچىلەر ئېقىمى» بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سوفسىتلار ۋە گۇمانىزمچىلار ئىدى . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى پراتاگرا بىلەن سوقرات ئىدى .

1 . ئادەم – مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى

پراتاگرا سەرگەردان پەيلاسوپ بولۇپ ، سەپەرگە بەكلا ئامراق ئىدى ، ئۇ سەپەرگە چىقسا سەرگەردان شاگىرىتلىرىمۇ بىللە چىقاتتى . ئېيتىلىشچە ، سەپەردە نەچچە يۈز ئادەم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولاتتىكەن . ئۇ كىشىلەرنىڭ ناھايىتى قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن پەيلاسوپ بولۇپ ، ھەتتا رىكرېسمۇ ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىكەن .

پراتاگرا غەربنىڭ 2500 يىللىق تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن «ئادەم – مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى!» دېگەن شۇئارنى توۋلىدى .

دۇنيادا مۇتلەق ھەقىقەت بولمايدۇ ، ئاتالمىش ھەقىقەت ھەربىرىمىزنىڭ كەچۈرمىشى ۋە تونۇشىمىزدىن باشقا نەرسە ئەمەس . دۇنيادىكى ئادەم قانچىلىك بولسا ھەقىقەتمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ ، ھاياتىڭىزدىكى كەچمىشلەر قانچىلىك بولسا ، ھەقىقەتمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ . ئادەم – جىمى نەرسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم . «ئادەم» ياكى «يەككە» بىر پەلسەپىۋى ئاتالغۇ بولۇش سۈپىتى بىلەن ، پراتاگرا تەرىپىدىن ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان .

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئادەم» ئىجتىمائىي «ئادەم» نى ئەمەس ، بەلكى يەككە «ئادەم»نى ، يەنى ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى ، ئەگەر مۇشۇ يەككە بولمايدىكەن ، دۇنيادا توغرا بىلەن خاتانىڭ ، ياخشى بىلەن ياماننىڭ ھېچ ئېتىبارى قالمايدۇ . سىزدىن ئىبارەت يەككە بولغاندىلا ئاندىن ياخشى بىلەن يامان ، توغرا بىلەن خاتا ھەققىدىكى باھالارنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ .

پراتاگرا «ئاتىئېزمچى» دەپ ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان . بۇ چاغدا ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان بوركېرس ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا ، پراتاگراغا «قېچىش» تىن باشقا يول قالمىغانىدى . قېچىپ كېتىۋاتقاندا ، ئۇ ئولتۇرغان كېمە بەختكە قارشى خادا تاشقا سوقۇلۇپ كەتكەن . ئۇ نەق مەيداندا ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر بولمىغان .

2 . تەقدىرىمىزنى يارىتىدىغىنىمىز – بىز ئۆزىمىز

سوقرات ھەركۈنى تاڭ يورۇماستىلا ئورنىدىن تۇرۇپ تېز – تېز ناشتا قىلاتتى – دە ، تونىنى كىيىپ ، كاناپتىن تىكىلگەن پىلاشىنى يېپىنچاقلاپ ، بىرەر دۇكان ياكى ئىبادەتخانا ياكى بولمىسا بىرەر ھاممامنى نىشانلاپ ئۆيىدىن چىقاتتى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇنازىرە سۆھبىتى قۇرغۇدەك جايلا بولسا چوڭ رەستىلەردىكى پىنھان بۇلۇڭلارمۇ بولۇۋېرەتتى . ئۇ ياشاۋاتقان ئافېنا شەھىرى ئىلمىي مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە كەيپىياتى ئاجايىپ جانلانغان جاي ئىدى .

سوقرات بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان پەيلاسوپلار ئەينى چاغدا «تەبىئەت دۇنياسى زادى نېمىدىن تەركىپ تاپقان» دېگەن مەسىلىنى تەلقىن قىلىشقىلا بېرىلىپ كەتكەن ئىدى . مەسىلەن ، تېيلىس تەبىئەت دۇنياسى «سۇ» دىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان ، ھېراكلېت « ئوت» تىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان ، دېموكرېت بولسا «ئاتوم» دىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان . سوقراتنىڭ قارىشىچە ، بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق بولۇپ ، بۇنداق قىلىش ۋاقىت ۋە زېھىننى ئىسراپ قىلىش ، ئۆمۈرنى بىكار ئۆتكۈزۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ نەزەرىدە ، كىشى ئۆزىدە ئېتىقاد تىكلىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك ئىدى ، تەبىئەت بىلىملىرىنىڭ بولماسلىقى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس ئىدى ، سۇ ، ئوت ، ھاۋا قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشىنىشنىڭ روھنى قۇتۇلدۇرۇشقا نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىدى . شۇ ۋەجىدىن ، سوقرات ئافېنادىكى دېلفېن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ئۆگزىسىگە ئويۇلغان «ئۆزۈڭنى تونۇ» دېگەن ئەقلىيە سۆزنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى چوڭقۇر ئىلھام ئالغان . ئۇ : «مانا بۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئۇلۇغ ھەقىقەت ، پەلىسەپىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ۋەزىپىسى» دېگەن . «سىز ئۆزىڭىز» بولغاندىلا ئاندىن بىزنىڭ توختىماي ئىزدىنىشىمىزگە زۆرۈرىيەت تۇغۇلىدۇ .

پراتاگرا : «ئادەم – جىمى مەجۇداتنىڭ ئۆلچىمى» دەيدۇ . پراتاگرانىڭ بۇ ھۆكۈمى ناھايىتى تېزلا ئەقلىيلىك نەزەرىيسى دەپ قارالغان . بۇنداق بولغاندا ، پىكىر قالايمىقانچىلىقى كۆرۈلۈپ ، ھەممە ئۆز كۆز قارىشىنى بازارغا سالىدىغان ، ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەپ قارىۋالىدىغان كەيپىيات باش كۆتۈرۈپ قالاتتى . ھېس – تۇيغۇلىرىغا بېرىلگەندە ، روھىي كەيپىياتىنىڭ تىزگىنىگە چۈشۈپ قالغاندا ، بۇنداق ئەھۋال مۇقەررەر كېلىپ چىقاتتى . سوقرات بۇنىڭغا : «كىشىدىكى كۆرۈنمەس ئاڭ ئالەمدىكى جىمى مەۋجۇداتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچىمى ؛ تەقدىرىمىزنى يارىتىدىغىنىمىز تەڭرى ئەمەس ، بەلكى ئۆزىمىز» دەپ تۈزىتىش بەرگەن . سوقرات بۇ يەردە ئىدراكنى ئادەمنىڭ ماھىيىتى ۋە ئەڭ يۈكسەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى دەپ قارىغان .

ئىدراك – ھەممىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم . ئەنئەنە ياكى ئاۋامنىڭ كۈچىنىڭ قانچىلىك زور بولۇشىدىن ، ھەتتا سىزگە خىلمۇ خىل بەدناملارنى ئاتا قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ، ھەرگىز ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەڭ .

3 . بىلىمسىزلىكىڭنى تونۇ

«بىلىمسىزلىكىڭنى تونۇ» . بۇ – سوقراتنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى بىر خىل ئۇسۇلى ، يەنى ئۆزگىچە بولغان «دىئالوگلىشىش» ئۇسۇلى . سوقراتنىڭ قارىشىچە ، پاراسەت ياكى بىلىم ھەرگىزمۇ بېكىتىلىپ قويۇلغان ھالەتتە بولماستىن ، بەلكى شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلاپ تۇرىدىغان بىر خىل جەرياندۇر . شۇڭا ، ھەقىقەت ئۈستىدە دېئالوگلاشقاندا ئالدى بىلەن چوقۇم : «بىز ھېچنېمىنى بىلمەيمىز ، شۇنداقلا ھەقىقەتەن بىلمەيمىز» دېگەننى پەرەز قىلىۋېلىش كېرەك .

سوقرات مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ : ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ئالدىنئالا پەرەز قىلغاندا ، بىرىنچى بولۇپ «ئومۇمىي پەزىلەت (مەسىلەن ، باتۇرلۇق ، ئادالەت دېگەندەك) دېگەن نېمە» دەپ سۇئال قويۇلۇشى ، جاۋاب بەرگۈچىمۇ مۇئەييەن بىر پەزىلەتنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىشى ، سۇئال قويغۇچى يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ ، مۇنازىرىنىڭ يۆنىلىشنى بايا دەپ ئۆتۈلگەن ئومۇمىي پەزىلەت تەرەپكە بۇرۇشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا ، سۇئال قويغۇچى جاۋاب بەرگۈچى ئوتتۇرىغا قويغان مەلۇم بىر كونكېرت ھەرىكەتنىڭ پەزىلەتنىڭ ئۆزى ياكى ئەمەسلىكىگە قارىتا ئۆز گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، شۇنىڭغا زىت بولغان مىساللار ئارقىلىق قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلىدۇ . بۇنىڭدىن شۇنى ئاشكارا قىلىشقا بولىدۇكى ، مۇشۇ كونكېرت بولغان ، كۆرۈنۈشتە قارىمۇقارشى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان مىساللار ئوخشاش بىر خىل پەزىلەت دەپ ئاتىلىپ ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ، ئورتاق ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ . مۇشۇنداق بولغاندا ، دېئالوگلاشقۇچىلار چىققىلى بولمايدىغان بىر خىل يۈكسەك چوققىغا يۈزلىنەلەيدۇ – دە ، دېئالوگلاشقۇچىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە بۈيۈكلۈككە ئىنتىلىدىغان بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ .

بىلىمسىزلىكىنى تونۇش ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىدىغان بۇنداق «دېئالوگلىشىش» ئۇسۇلى سوقراتنىڭ «بىلىمسىزلىك» ئىپادە قىلغان كامالەتكە يەتكەن پاراسىتىدۇر . ئۇ پاراسەتكە ، بىلىمگە ئىنتىلىدىغان بۇنداق ئۇسۇلنى «روھ تۇغدۇرۇش تېخنىكىسى» دەپ ئاتىغان .

4 . ئەركىنلىك ئۈچۈن جان پىدا قىل

سوقراتتىن ئىبارەت بۇ «رەستە ناتىقى» ئافېنادىكى «ئۆزگىچە سىياسىي قاراشقا ئىگە» ئەڭ مەشھۇر پەيلاسوپ ئىدى ، ئۇ كونا ئۆرپ – ئادەتلەرنى مەسخىرە قىلىپ ، جاھاننىڭ بۇزۇقچىلىقلىرىغا زەربە بېرەتتى ، ئۆزىنى جەمئىيەتنىڭ سەرخىللىرى دېيىشىۋالغان سىياسەتۋازلارنىڭ ئەپتى – بەشرىسىنى ئايىماي ئېچىپ تاشلايىتتى . چاۋىسى چىتقا يېيىلىپ شەرمەندە بولغان ھۆكۈمەت ئاخىرى سوقراتنى «قۇتراتقۇلۇق جىنايىتى» ، «ئەخلاقنى بۇلغاش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئالدى .

سوقراتنى 501 نەپەر كىشىدىن تەركىپ تاپقان زاسېداتېللار ئۆمىكى سوراق قىلدى . مۇنازىرىدە يېڭىلمەس بۇ پەيلاسوپ سوتتا ئۆزىنى سوراق قىلىۋاتقان سودىيەلەرگە گەپ بەرمەي ، ئۆز تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۇ مۇنداق دېدى :

«دۇنيادا ھېچكىمنىڭ باشقىلارغا <ئۇنىڭغا ئىتىقاد قىل ، بۇنىڭغا ئېتىقاد قىل> دەپ بۇيرۇق قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلى خالىغىنىنى قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالىدىغان ھوقۇقى يوق .»

«كىشى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشتا تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە بولۇشى ، ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك .»

«كىشىدە پەزىلەت ۋە ئېتىقادلا بولىدىكەن ، دوست – يارەنلىرىنىڭ ياردىمىسىزمۇ ، خوتۇن – بالىسى ۋە ئائىلىسى بولماي تۇرۇپمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ .»

ھالبۇكى ، سودىيەلەر سوقراتنىڭ گېپىنى زادىلا چۈشەنمىدى ، چۈنكى ئۇلار سوقراتنى كۆزدىن يوقىتىشنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىنى يوقىتىشقا باراۋەر ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنەتتى . سوت كۆپ سانلىق بىلەتكە ئاساسەن ئەڭ ئاخىرى سوقراتنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى .

سوقرات ئۆلۈپ 10 نەچچە يىلدىن كېيىن ، ئىدىيىسى ئىلگىرىكىدىنمۇ كەڭ تارقالدى ، پەلىسەپىمۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تەبىئىيلا ئادەملەرگە ، ئادەملەرنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىنى قېزىشىغا ، ئۆزلۈك ئېڭىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە قاراپ يۈزلەندى .

ئەپلاتۇن : كىشىدە ئىدىيە بولمايدىكەن ، تىرىك مۇردىدىن پەرقى قالمايدۇ

ئەپلاتۇن سوقراتنىڭ «ئەقلىيلىك» توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى راۋاجلاندۇردى ، ئەقلىيلىكنى يەنىمۇ ئابىستراكىتلاشتۇرۇپ «ئىدىيە» (Idea) دەرىجىسىگە كۆتەردى ، يەنى ماددىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بوپ تۇرالايدىغان ئەقلىي سۇبىستانسىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ، ئۇ مۇتلەق بولىدۇ ، دېدى . ئىدىيە بىلەن تاناسىپ تۇرىدىغىنى – ھادىسىدۇر . ھادىسىلەر دۇنياسى پەيدا بولۇپ ۋە يوقۇلۇپ تۇرىدىغان ماددىي دۇنيا بولۇپ ، تاناسىپ بولىدۇ . ئىدىيە – ئەسلى زاتتۇر ، مەقسەتتۇر ، ھادىسە ئىدىيە تەرىپىدىن پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئىدىيىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ ، بىلىمىمىز بىزنى ئىدىيە تەرەققىياتىغا قاراپ يېتەكلەيدۇ .

ئىدىيە نەزەرىيىسى قەدىمكى يۇناننىڭ ئەقلىي روھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يۈكسەك بىر چوققىغا چىقاردى .

1 . جامائەت مەڭگۈ ئادەت كۈچى ۋە بىر تەرەپلىمىلىك ئىچىدە ياشايدۇ

ئەپلاتۇن بىز ياشاۋاتقان دۇنيانى قاراڭغۇ «ئۆڭكۈر» گە ، ئىدىيىنى بولسا ئاشۇ «ئۆڭكۈر» نىڭ سىرتىدىكى «قۇياش» قا ئوخشىتىدۇ . ئەپلاتۇن بۇ قاراڭغۇ «ئۆڭكۈر» نى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ :

ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكىرىسىدە كىچىكىدىن مۇشۇ يەردە ياشىغان بىر توپ مەھبۇس بار ئىدى (نادانلىق ئۇلارنىڭ روھىنى چىرمىۋالغان ئىدى) ، ئۇلارنىڭ بېشى بىلەن پۇتى باغلاقلىق بولۇپ ، ماڭالمايتتى ، ھېچقايان مىدىرلىيالمايىتتى . ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە نېمىشقا باغلاقتىن بوشۇنۇپ چىقىپ كېتىشنى خالىمايدۇ ؟ چۈنكى ئۇلار كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئادەت كۈچىنىڭ ئاسارىتى تۈپەيلى مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلۇشنى خالىمايىتتى .

ئۆڭكۈردە ياشاش تولىمۇ قاباھەتلىك ئىش ، لېكىن مەھبۇسلارنىڭ نەزەرىدە ئۇنداق ئەمەس ئىدى . بىر كۈنى ، مەھبۇسلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن («ئەۋلىيا»سۈپەت قەھرىمان) مىڭبىر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆڭكۈردىن سىرىتقا چىقىپ ، قوياش پارلاپ تۇرغان ھەقىقىي دۇنيانى كۆردى . ئەۋلىيا ھەمراھلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ، ئۇلارنى يورۇقلۇققا يېتەكلەش ئۈچۈن ئۆڭكۈرگە يېنىپ كىردى ، ھەمراھلىرىنىڭ مەسخىرە قىلىشى ۋە چەتكە قېقىشلىرىغا پەرۋا قىلماي ئۇلارنى ئۆڭكۈردىن ئىلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى . لېكىن ، ھەمراھلىرى ئۆڭكۈرنىڭ سىرتىدا باشقا بىر دۇنيانىڭ بارلىقىغا زىنھار ئىشەنمىدى . ئاقىۋەت ، بۇ ئەۋلىيا بىلىمسىز ، يىرگىنىچلىك ، تەرسا ھەمراھلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى .

قارىغاندا ، كۈنبويى خىيالىي دۇنيادا ياشىغۇچى نادان كىشىلەرنى ھەقىقىي دۇنياغا يېتەكلەش ۋە ئۇنى تونۇتۇش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ .

2 . ئۆزىمىز ئۆزىمىزنىڭ خوجايىنى

ئەپلاتۇن مۇنداق قارايدۇ : كىشى ئۆزىگە خوجايىن بولىمەن دەيدىكەن ، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم بولۇش كېرەكلىكىنى ۋە قانداق قىلغاندا شۇنداق ئادەم بولالايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك . ئۇنىڭدىن قالسا ، شۇ كىشىدە نەپسىدىن كېلىۋاتقان ئازدۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرغۇدەك غەيرەت بولۇشى كېرەك . نەپىس كىشى تۇغۇلۇشى بىلەنلا بار بولىدۇ ، شۇنداقلا ئۇ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بوپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسىدۇر . لېكىن ، كىشىنىڭ نەپسى ھەرگىزمۇ ئىرادىسى ئۈستىدىن غالىپ كەلمەسلىكى كېرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن ، كىشى ھەدېسىلا نەپسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ – دە ، ئۆزىنى نەپسىنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىدىن تارتىپ چىقىرالمايدۇ ، بۇ چاغدا ئەقىل – ئىدرىكىمۇ شۇ نەپسىنىڭ قولچۇمىقىغا ئايلىنىدۇ . شۇڭا ، كىشى ئۆزىدە شەخسىي ئارزۇ – ھەۋەسلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يۈكسەكلىك ۋە ئاددىي مەقسەتلەرنى ھازىرلاپ ، قىنىغا پاتمايۋاتقان قايناق ھېسىياتى ۋە نەپسىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشى كېرەك . بۇ يۈكسەكلىك ۋە ئاددىي مەقسەتلەر ئەقلىيلىكنى ئەزەلدىن ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان بولغاچقا ، كىشى پەقەت ياخشى تەربىيە ئارقىلىقلا ئەقىل – ئىدرىكىنى ۋۇجۇدىدا قۇتراپ ئارام بەرمەيۋاتقان قايناق ھېسىياتلىرى ۋە نەپسىگە ھۆكۈمران قىلالايدۇ ، ئەنە شۇندىلا ئۆزىگە خوجايىن بولالايدۇ .

▲ ئارستوتېل : ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا سىياسىي ھايۋان

ئارستوتېلنىڭ «ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا سىياسىي ھايۋان» دېگەن مەشھۇر ھېكمىتىدە ئېيتىلغان «سىياسىي» – شىتاتلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنى ، ئىجتىمائىي گورۇھلارنى كۆرسىتىدۇ . ئادەم ئۆزى يالغۇز مۇستەقىل ياشىيالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ، پەقەت جەمئىيەت – دۆلەتتە ئورتاق بىر يەرگە يىغىلىش ، توپلىشىپ ياشاش ئارقىلىقلا ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ .

1 . خەير – ساخاۋەت ، بايلىق ، سالامەتلىك ۋە دوستلۇقنىڭ ئۆزى بەخىت دېمەكتۇر

ئارستوتېلنىڭ قارىشىچە ، بەخت ئۈچۈن يېتەرلىك ماددىي ئاساس بولۇشى كېرەك . ئۇ بولسىمۇ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ياخشى بولۇش ، تەققى – تۇرۇقى جايىدا بولۇش ، تەلەيلىك بولۇش ۋە ئەتراپىدا ياخشى دوستلىرى بولۇشتىن ئىبارەت . لېكىن ، تاشقىي ۋە ماددىي ياخشىلىق پەقەت ئۇنىڭ پاسسىپ شەرتىدۇر . مەسىلەن ، ئاغرىپ قالغاندا سالامەتلىكنى ، يوقسۇل چېغىدا بايلىقنى بەخىت ئورنىدا كۆرۈش دېگەندەك . توختىماي ياخشىلىق ۋە گۈزەللىك قوغلىشىدىغان ، يەنى «گۈزەل تۇرمۇش» ۋە «ياخشى خۇلق» قا ئىنتىلىدىغان ھەم ئاشۇنداق قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن باشقا جىمى ئادەملەرنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرالىغان كىشى ھەقىقىي بەختلىك كىشىدۇر .

ھالبۇكى ، بىز شۇم قىسمەتلەرگە دۇچار بولغاندىمۇ بەختكە ئېرىشەلەيمىز . چۈنكى ، روھىمىز ھەقىقىي تاۋلانغان بولسا قايغۇ – ھەسرەتنى ھېس قىلالمايدۇ ، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى بەختتۇر . مۇنداقچە ئېيتقاندا ، بەزىدە بەختتىن ۋاز كېچىش ئارقىلىقمۇ بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ . دۇرۇس نىيەت بىلەن ئىش كۆرگەن ، يېتەرلىك بايلىققا ئىگە بولغان ، تېنى ساغلام ۋە ئەتراپىدا دوست – يارانلىرى بولغان (بۇلار ئۇنىڭغا تاسادىپىيلا يار بولۇپ قالماستىن ، مەڭگۈ ئاشۇنداق يار بولغان) كىشىلەرلا ئەڭ بەختلىك كىشىلەردۇر .

ئارستوتېل يەنە مۇنداق دەيدۇ : بەزى ئالىيجانابلىق ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت ئەمەس ، ئۇ يەنە باشقا مەقسەتلەرنى مەقسەت قىلىدۇ . ئالايلۇق ، كىشىلەر شان – شۆھرەت ۋە بايلىققا بەك ئىنتىلىدۇ . ئۇنداقتا كىشىلەر نېمە ئۈچۈن شان – شۆھرەت ۋە بايلىققا شۇنچە ئىنتىلىدۇ ؟ جاۋاب شۇكى ، شان – شۆھرەت ۋە بايلىققا ئېرىشكەندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن . شۇڭلاشقا ، شان – شۆھرەت بىلەن بايلىقنى ئاخىرقى مەقسەت دېيىشكە بولمايدۇ ، پەقەت بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ ئۆزىلا ئاخىرقى مەقسەتكە يەتكەنلىك بولىدۇ .

2 . «ئوتتۇرا ھاللىق» نى ساقلاش : لايىقىدا ياشاشنىڭ ئۆزى ئەڭ زور بەختتۇر

ئارستوتېل تۇرمۇش ھەققىدە ئاددىي بىر پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان ، ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇشتا بەك «زىيادە» لىكنى قوشلاشماسلىق ھەم بەك «ئارقىدا قالماسلىق» تۇر . مانا بۇ – دائىم دېيىلىدىغان ، ئارستوتېل تەشەببۇس قىلغان «ئوتتۇرا يول» دۇر .

ئارستوتېل «گۈزەل خۇلق دېگەن نېمە» ھەققىدە مۇھاكىمە قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : «پەزىلەت ھېس – تۇيغۇ ۋە ھەرىكەتنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ . زىيادە چەكلىۋېتىش خاتا ، چەكلىمەي ئەركىگە قويۇۋېتىشمۇ توغرا ئەمەس ، شۇڭا لايىقىدا تىزگىنلەپ تۇرۇش ئەڭ توغرا ھەم مەدھىيىلىكتۇر . كۆڭلى خالىغان ئىشلاردا ئوتتۇرا ھال يول تۇتالىغان كىشى پەزىلەتلىك كىشىدۇر.»

ئالايلۇق ، باتۇرلۇق – ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش دېمەكتۇر ، شۇڭلاشقا ئۇ گۈزەل پەزىلەت قاتارىدا سانىلىدۇ . باتۇرلۇقنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش قاراملىقتۇر . لېكىن ، شىجائەتسىزلىكنىڭ ئۆزى قورقۇنچاقلىقتۇر . پەزىلەتمۇ لايىقىدا بولۇش كېرەك ، ئەگەر  زىيادە بېسىلسا نەپىس تۇنجۇقۇپ قالىدۇ ؛ زىيادە مەيلىگە قويۇۋېتىلسە شەھۋەتپەرەسلىك باش كۆتۈرىدۇ . مال – دۇنيا مەسىلىسىگە كەلگەندە سېخىيراق بولۇشنىڭ ئۆزى پەزىلەت ، لېكىن زىيادە سېخىيلىق – بۇزۇپ چېچىش ، ئىسراپخورلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئەكسىچە بولسا پىخسىقلىق ، كۆزى كىچىكلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر .

ئارستوتېلنىڭ قارىشىچە ، جىمى ھېس – تۇيغۇ ۋە ئىش – ھەرىكەتتە ئوتتۇرا يول تۇتۇپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ . بەزى نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزىدىنلا رەزىللىك ، يەنى يامان غەرەز ، نۇمۇسسىزلىق ، ھەسەتخورلۇق ، ئوغرىلىق ، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېگەندەك قىلمىشلار ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ . مانا مۇشۇنداق ھېس – تۇيغۇ ۋە ئىش – ھەرىكەتلەر زىيادە بوپ كەتكەنلىكى ياكى زىيادە بېسىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۇلار ئەسلىدىنلا رەزىل قىلمىش بولغاچقا تەنقىدكە دۇچ كېلىدۇ .

▲ ئېپىكۇر : ياشىسام ، كۈلسەملا بولدى

ئېپىكۇر كىشىلىك ھايات مەسىلىسىدە ھاياتنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنىلا تەكىتلەش بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ ، شەخسىي تۇرمۇشنىڭ ئىجتىمائىي رېئال ئارقا كۆرۈنۈشىگە سەل قارىغان . لېكىن ، كىشىلىك ھاياتتىكى بەختنى تەن ۋە روھنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ لايىھىلەشكە زېھنىنى بەكرەك قاراتقان .

1. ھاياتنىڭ ھوزۇرى : تەن ئازابلانمىسا ، روھ خاتىرجەم بولىدۇ

ئېپىكۇر ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : تۇيغۇنى جىمى ياخشىلىقلارنى ئايرىيدىغان ئۆلچەم قىلىش كېرەك . كىشىگە ھوزۇر ئاتا قىلىدىغان نەرسە ياخشى نەرسىدۇر ، ئۇنداق بولمىسا يامان نەرسىدۇر .

ھېس – تۇيغۇ – ئەڭ سوبىيېكتىپ ، ئەڭ خاسلىققا ئىگە نەرسىدۇر ، ئۇ ناھايىتى قىسقىلا داۋام قىلىدۇ . ھېس – تۇيغۇنى كىشىلىك ھايات نەزەرىيىسىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى قىلىش بىر دەۋردىكى ئىدراكنىڭ گۇڭگىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . چۈنكى ، ئىدراكتا ئۆزىگە تالىق مەقسەت – مۇددىئالار قالمىغان بولغاچقا ، تۆۋەنلەپ – تۆۋەنلەپ ئاخىرى بېرىپ سوبىيېكتىپ ھوزۇردىن ئىبارەت بۇ خىل ھېس – تۇيغۇنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ . ئىدراكتا تاللاش بولىدۇ ، لېكىن ئۇ ھوزۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا بولىدۇ .

ئېپىكۇر : «تەننى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ھوزۇر ئەمەس ، بەلكى تەننىڭ ئازابلانماسلىقى ، روھنىڭ خاتىرجەم بولۇشى ئەڭ زور ھوزۇردۇر» دەپ ھوزۇرغا ئېنىق چەك بېكىتىپ بەرگەن .

ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنداق كۆرسىتىدۇ : ئەگەر تەننى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش بىراۋغا ئازابلىرىنى ئۇنتۇلدۇرسا ، ھوزۇر ئاتا قىلسا ، ئۇنداقتا تەننى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ياخشى ئىشتۇر . بۇ شۇنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى ، ياخشى ۋە يامان مەسىلىسىدە ئېپىكۇر شەخسىي ھوزۇرنى كىشىلىك ھايات ھەقىقىتىدىن ، كىشىلەرنىڭ ئورتاق بىر بۈيۈك نىشانغا يېتىش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلىش ھەتتا ھاياتىنى تەسەددۇق قىلىشتەك قەھرىمانانە ئىش – ھەرىكىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان . بۇ خىل تەلىمات نوقۇل ھالدىكى شەخسىي ھايات بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .

2 . نەپسى يامانلىق : ئالەمنى گۇمران قىلىدۇ ، ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ

كىشىنىڭ روھى نېمە ئۈچۈن ئارام تاپالمايدۇ ، ساراسىمگە چۈشىدۇ ؟ ئېپىكۇر مۇنداق قارايدۇ : ئىككى نەرسە روھنى ئارام تاپقۇزمايدۇ . بىرى، ئاسمان ھادىسىلىرى مۇقەددەس دەيدىغان كۆز قاراش ؛ يەنە بىرى ، ئۆلۈم كۆز قارىشى .

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتىقاندا ، ئۆلۈم ئالدىدا ۋەھىمىگە چۈشۈپ تىترىمەيدىغان ئادەم يوق . ئېپىكۇر مۇنداق دەپ قارايدۇ : بۇ ۋەھىمە كىشىلەرنىڭ نەپسى بېسىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ . كىشىلەر قوياشنىڭ كۆتۈرۈلۈپ ئاينىڭ پېتىشى ۋە يۇلتۇزلار ھەرىكىتىدىن ئاسمان ھادىسىلىرىنىڭ مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىشىدۇ ، نەتىجىدە ئۆمرىنىڭ تولىمۇ قىسقىلىقىنى تونۇپ يېتىپ ، ئاسمان ھادىسىلىرىدىن ۋەھىمىگە چۈشىدۇ ، روھى خاتىرجەملىكىنى يوقىتىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ، ئېپىكۇرنىڭ ئاتوم نەزەرىيىسى پەلىسەپىسى كىشىلىك ھايات ساھەسىگە سىڭىپ كىرىپ ، كۆپچىلىكنى «ئاسمان ھادىسىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاتومدىن تۈزۈلگەن ، ھېچقانداق مۇقەددەس خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەمەس . ئالەمدە مەڭگۈلۈك مەۋجۇدات مەۋجۇت ئەمەس ، دۇنيانى گۇمران قىلىۋەتكىلى بولىدۇ» دېگەن ھۆكمىگە قايىل قىلغان .

ئېپىكۇرنىڭ قارىشىچە ، ھەرقانداق ۋەھىمە قارشى تەرەپنىڭ سىرىنى چۈشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭا ، كىشىلەر ياشاش داۋامىدا ئەقىل – ئىدرىكىنى چېنىقتۇرۇشى ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشنى ، سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك . بۇ ، كىشىنىڭ قەلبىنى ئارام تاپقۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى .

بىر نۇقتىنى توغرا تونۇۋېلىش كېرەككى ، ئەقىل – ئىدراكنى چېنىقتۇرۇش بىزگە ھايات بولغانىكەن ، ئۆلۈمنىڭمۇ بولىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتتىن ھوزۇر ئېلىشنى ئۆگىتىدۇ . بىز ئۇزۇنراق ياشىسامكەن دېگەن ئوي بىلەن ئەمەس ، بەلكى تويماس نەپسىمىزنى تىزگىنلەش ئارقىلىقلا بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتەلەيمىز . كىشى ئەنە شۇندىلا ئۆلۈمدىن ۋەھىمىگە چۈشمەيدىغان بولىدۇ .

3 . ئۆلۈم ھەققىدە ئېغىز ئاچما : ئۆلۈمنىڭ بىز بىلەن ئالاقىسى يوق

ئېپىكۇر ئۆلۈم ھەققىدە مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزنى قالدۇرۇپ كەتكەن :

«تىرىك چېغىمىزدا ئۆلۈم تېخى يېتىپ كەلمىگەن بولىدۇ ؛ ئۆلۈم كەلگەندە بىز ئاللىقاچان بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىپ بولغان بولىمىز . شۇڭا ، ئۆلۈم تىرىككىمۇ ، ئۆلۈككىمۇ ھېچقانداق مۇناسىۋەتسىز .»

ئەمىسە ، كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئۆلۈم ئالدىمىزدا بولمىسا ، بۇنىڭ قورققۇدەك يەنە نېمىسى بار ؟ كىشىنىڭ قورقىدىغىنى كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئۆلۈمدۇر . مەۋجۇت ئەمەس بىر نەرسىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈش ئۆتۈپ كەتكەن بىمەنىلىك .

ئەينى چاغدا مۇنداق بىر كەيپىيات باش كۆتۈرگەن : ئادەم تىرىكلا بولىدىكەن قايغۇ – ھەسرەتتى نېرى بولالمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىنى ئۆلۈپ كېتىدۇ . شۇڭا ، يەكۈن شۇكى ، ئەڭ ياخشىسى كىشىنىڭ تۇغۇلمىغىنى تۈزۈك ، ئەنە شۇندىلا قايغۇ – ھەسرەتتىن بىر يولىلا خالاس بولىدۇ .

ئېپىكۇر شۇنداق دېگۈچىلەرگە مۇنداق سۇئال قويىدۇ : ئەگەر ئۇلار شۇ زاكونغا راستىنلا ئىشەنسە ، ئەمىسە نېمىشقا ھاياتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ ؟ ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ : كىشى ئۆلۈمدىن قورقماسلىقى ، ھەم ھاياتتىنمۇ بىزار بولماسلىقى كېرەك . ئېپىكۇرنىڭ قارىشىچە ، ياشاشنىڭ مەقسىتى خۇشال پەيتلەردىن بەھىر ئېلىشنى ئىستەش ، ھەرگىزمۇ ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۈشكە ئىنتىلىش ئەمەس . چۈنكى مەنىسىز 100 يىل ياشىغاندىن ، مەنىلىك بىر كۈن ياشىغان ئەۋزەل .

(خەنزۇچە «پەلىسەپە ھەققىدە ئۇستازلاردىن لېكسىيە : زادى نېمە ئۈچۈن ياشايمىز» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى)

]]> ?feed=rss2&p=10884 0 ئورخان پامۇك: ساددا ۋە ھەسرەتلىك يازغۇچى ?p=12108 ?p=12108#respond Tue, 31 Mar 2015 05:35:46 +0000 ?p=12108

رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئېڭىمىز نېمە ئىش قىلىدۇ

ئورخان پامۇك

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

(بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان)

پىروزىچىلىق مېنىڭ ئىككىنچى ھاياتىم. خۇددى فىرانسيەلىك شائىر گېرارد نېرۋال (Gerard de Nerval) ئېيتقان ھەر خىل چۈشلەرگە ئوخشاش، پىروزا تۇرمۇشىمىزنىڭ رەڭدارلىقى ۋە مۇرەككەپلىكىنى نامايان قىلىدۇ، رومان تونۇش كىشىلەر، چىرايلار ۋە نەرسىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا گىرىمسەن چۈش قوينىغا غەرق بولۇپ، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىمىز؛ بۇنىڭدىن كۈچلۈك زەربىگە ئۇچراپ، ئۆزىمىزنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنىمۇ ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويىمىز؛ ئۆزىمىزنى بىز ھەدەپ تاماشا كۆرۈۋاتقان، ساختا ئىش- ۋەقە ۋە شەخسلەر ئارىسىدا تۇرۇۋاتىمەن دەپ تەسەۋۋۇر قىلىمىز. دەل مۇشۇ پەيتتە بىز ئۆزىمىز يولۇققان ھەمدە قاتتىق مەپتۇن بولۇپ كەتكەن دۇنيانىڭ رېئال دۇنيادىنمۇ بەكرەك چىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. كىشىگە راستتەكلا تۇيۇلىدىغان بۇنداق تۇيغۇ ئادەتتە بىزنىڭ خىيالىي دۇنيا بىلەن رېئال تۇرمۇش ئارىسىدىكى پەرقنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق، بىز بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇدىن، گۆدەكلەرچە ئۇسۇلدىن ئەزەلدىن ئاغرىنمايمىز. ئەكسىچە ئوقۇۋاتقان رومانىمىزنىڭ چۈشلىرىمىزگە ئوخشاش توختىماي داۋاملىشىشىنى ئىستەيمىز، بۇ خىل ئىككىنچى ھاياتنىڭ توختىماي داۋاملىشىپ، رېئال تۇيغۇ ۋە چىن ھېسسىياتلىرىمىزنى غىدىقلىشىنى بەكلا ئۈمىد قىلىمىز. رومان ۋەقەلىكىنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، روماندا چىن، رېئال تۇرمۇشقا بولغان خىيالىي ئارزۇلارنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىدىن بىئارام بولىمىز، تىت- تىت بولىمىز.
چۈش كۆرۈۋاتقان ۋاقتىمىزدا چۈشىمىزنى راست دەپ ئويلاپ قالىمىز. مانا بۇ چۈشكە بېرىلگەن تەبىر. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىكلەرنى راست دەپ قالىمىز- يۇ، بۇ خىيالىمىزنىڭ بەكلا ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنىمۇ ئېنىق تۇيۇپ تۇرىمىز. بۇ خىل پارادوكس روماننىڭ خاسلىقىدىن كەلگەن. بۇ يەردە بىز شۇنى تەكىتلەپ قويىمىزكى، پىروزا سەنئىتى بىزنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل زىددىيەتلىك ھالەتكە ئىشىنىشىمىزنى شەرت قىلىدۇ.
قىرىق يىلدىن بېرى ئىزچىل رومان ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. ماڭا شۇنىسى ئايانكى، بىز رومانغا كۆپ خىل ھالەتتە يۈزلەنسەك بولىدۇ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ روھىمىز بىلەن ئېڭىمىزنى رومان ئىچىگە غەرق قىلساق بولىدۇ، ھەم ناھايىتى ئازادىلىك ئىلىكىدە رومانغا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتساقمۇ بولىدۇ. مەن دەل ئاشۇ شەكىلدە رومان ئوقۇشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇلىنى بىۋاستە ھېس قىلدىم. رومان ئوقۇشنى بەزىدە لوگىكىلىق شەكىلگە ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، بەزىدە كۆزىمىزنى خەتلەرنىڭ ئۈستىدە يۈگۈرتۈپلا قويىمىز، بەزىدە تەسەۋۋۇرىمىزنى ئىشقا سالىمىز، بەزىدە چالا- بۇلا چۈشىنىپلا بولدى قىلىمىز، بەزىدە ئۆزىمىز ئۈمىد قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئوقۇيمىز، بەزىدە رومان ئۈچۈن ئۆزىمىزگە تەلەپ قويىمىز، يەنە بەزىدە ۋۇجۇدىمىزدىكى تومۇرلىرىمىزنىڭ شىددەت بىلەن سوقۇشىغا مۇھتاج بولىمىز. ياش ۋاقتىمدا رومانغا بىر مەزگىل شۇ قەدەر مەپتۇن بولۇپ كەتكەن ئىدىمكى، بۇ مەپتۇنلۇقۇم سەۋدايىلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنىدى. 18 يېشىمدىن 30 يېشىمغىچە (1970- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە) كاللامدا كۆڭۈل ئالىمىمدە روي بېرىۋاتقان ئىش- ۋەقەلەرنى يېزىپ چىقىش؛ رەسسام رەسىم سىزغان چاغدىدىكىدەك ئىنتايىن توغرا ۋە ئېنىق ھالەتتە مول، مۇرەككەپ، كىشىگە راستتەكلا تۇيۇلىدىغان مەنزىرىلەرنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تاغلارنى، تۈزلەڭلىكلەرنى، تاشلارنى، ئورمانلىقلارنى ۋە دەريا- ئېقىنلارنى تەسۋىرلەش ئىستىكى تۇغۇلدى.
رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئېڭىمىز ۋە قەلبىمىزدە زادى نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟ بۇ يوشۇرۇن تۇيغۇلىرىمىزنىڭ كىنو كۆرۈش، ماي بۇياق رەسىمدىن ھۇزۇرلىنىش، شېئىر دېكلاماتسىيەسىنى ئاڭلاش ياكى تارىخىي ئېپوسلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن نېمە پەرقى بار؟ بىيوگىرافىيە، كىنو، شېئىر، رەسىم سىزىش ياكى چۆچەك ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى رومان بىزگە ھەمىشە ئاتا قىلىپلا تۇرىدۇ. لېكىن، پىروزىدىن ئىبارەت بۇ خىل سەنئەت شەكلىنىڭ چىن ھەم ئۆزگىچە ئۈنۈمى ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانېرلىرى بىلەن، كىنو ۋە رەسىم سىزىش بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا تۈپ پەرققە ئىگە بولىدۇ. بەلكىم بۇ خىل پەرقنى ئاشكارىلىيالىشىممۇ مۇمكىن. بۇنىڭدىن بىز ياش ۋاقتىمدا رومان ئوقۇشقا مەپتۇن بولغان كەچۈرمىشىمنى ۋە قەلبىمنىڭ ئىچكى قاتلىمىدا ئويغىنىۋاتقان خىلمۇ خىل مۇرەككەپ ئىماگلارنى ئۇقىمىز.
مۇزېينى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان ئادەم تۇنجى بولۇپ ئۆزى كۆرگەن رەسىملەرنىڭ كۆرۈش سېزىمىغا ھۇزۇر ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلسا، مەن مەنزىرە- كۆرۈنۈشلەردىكى ھەرىكەت، توقۇنۇش ۋە مول تەسەۋۋۇردىن بەكرەك زوق ئالىمەن. مەن يەنە بىراۋنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى مەخپىي كۆزىتىشكە ئامراق، شۇنداقلا يەنە بىپايان مەنزىرىلەردىكى قاراڭغۇ بۇلۇڭلار ئۈستىدە ئىزدىنىشنىمۇ خالايمەن. لېكىن، سىزگە «قەلبىدىكى كۆرۈنۈشلەر ھەمىشە داۋالغۇپلا تۇرىدىكەن» دېگەندەك تۇيغۇ بېرىپ قويغۇم يوق. ياش ۋاقتىمدا رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بەزىدە قەلبىمدە تولىمۇ كەڭرى، تولىمۇ يىراق، تولىمۇ تىنچ مەنزىرىلەر زاھىر بولاتتى؛ بەزىدە نۇر بەكلا ئاجىزلاپ، ئاق بىلەن قارا بەكلا ئېنىقلىشىپ كېتەتتى ھەم بىر- بىرىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ھەر خىل قاراڭغۇ سايىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە پۇلاڭلاپ يۈرەتتى. بەزىدە پۈتكۈل دۇنيانى تامامەن ئوخشىمايدىغان نۇر- زىيا ئارىسىغا چۆمۈلگەندەك ھېس قىلاتتىم. بەزىدە ئاداققى نۇرلار جىمى نەرسىنى قوينىغا ئېلىپ، پۈتكۈل ئالەم كەيپىيات ۋە بىردىنبىر ئەۋرىشكىگىلا ئايلىناتتى. شۇنى ھېس قىلاتتىمكى، مەن مۇشۇ خىل تۇيغۇغا ئامراق بولۇپ قالغانىدىم، كىتابتىن ئىزدەيدىغىنىم دەل مۇشۇ خىل كەيپىيات ئىدى. مەن ئىستانبۇل بېشىكتاشتىكى ئۆيۈمدە رومان ئوقۇۋېتىپ، روماندا تەسۋىرلەنگەن دۇنياغا ئاستا- ئاستا مەپتۇن بولۇپ كەتكەن چېغىمدا كىتابنى ئېچىشتىن بۇرۇنقى ئىش- ھەرىكەتلىرىم قالدۇرغان خىلمۇخىل كۆلەڭگىلەر ـــ ئىچكەن چايلىرىم، ئانام بىلەن قىلىشقان پاراڭلار، كاللامدا پەيدا بولغان تۈرلۈك ئوي- خىياللار، كۆڭلۈمدە قېپقالغان ئەرزىمەس ئاداۋەت- خۇسۇمەتلەر سۇسلىشىپ، ئاستا- ئاستا غايىپ بولۇشقا باشلايتتى.
مەن ئولتۇرغان ئاپېلىسىن رەڭگىدىكى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇق، يېنىمدىكى ئاچچىق تاماكا ھىدى پۇراپ تۇرغان كۈلدان، گىلەم سېلىنغان ئۆي، كوچىدا سۈرەن- چوقان سېلىشىپ پۇتبول ئويناۋاتقان بالىلار، يىراقلاردىن ئاڭلىنىۋاتقان پاراخوتلارنىڭ گۈدۈك ئاۋازىنىڭ ئېڭىمدىن ئاستا- ئاستا غايىپ بولۇپ، كۆز ئالدىمدا يېڭىچە بىر دۇنيانىڭ ئاستاغىنە زاھىر بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. روماننى بىر بەتتىن، بىر بەتتىن ئوقۇشقا باشلايتتىم. بۇ يېڭى دۇنيا بارغانسېرى كونكرېتلىشىشقا، بارغانسېرى سۈزۈكلىشىشكە باشلايتتى. خىلمۇ خىل كۆرۈنۈشلەر، كۆلەڭگىلەر، ئىش- ۋەقەلەر، پېرسوناژلار دىققەت نۇقتىسىغا كىرىشكە باشلايتتى. يېڭى دۇنيا كۆز ئالدىمدا زاھىر بولغان دەقىقىدە مېنى مەپتۇن قىلغان، پېرسوناژلارنى، ئىش- ۋەقەلەرنى ۋە نەرسىلەرنى ئەسلىشىمگە، خىيال قىلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىش- ۋەقەلەر مېنى بىزار قىلاتتى، ئازابلايتتى. بىر ھەقىقىي باش پېرسوناژنىڭ شىرەم تۇغقىنى (ئۇلارنىڭ قانداق تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ)، بىر تال تاپانچا سېلىپ قويۇلغان، قەيەرگە قويۇلغانلىقى ئېنىق بولمىغان بىر تارتما ياكى قوش قاتلاملىق مەنىگە ئىگە، لېكىن يەنە بىر قاتلاملىق مەنىسىنى دەپ بەرگىلى بولمايدىغان سۆھبەتلەر ـــ مۇشۇ تۈردىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنى قىيناپ ئارام بەرمەيتتى. كۆزلىرىم سۆز- جۈملىلەر ئارىسىدا جىددىي يۆتكەلگەن چاغدا قەلبىم تىت- تىتلىق بىلەن خۇشاللىقنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالاتتى، جىمى ئىشلارنىڭ دەرھال ئۆز ئورنىغا قايتىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىپ كېتەتتىم. بۇنداق پەيتلەردە ھېس- تۇيغۇلىرىمنىڭ جىمى دەرۋازىلىرى داغدام ئېچىلىپ، گويا بىر نەرسىلەردىن ئۈركۈپ ئارانلا تۇرىدىغان جانۋارلارغا ئوخشاش تامامەن ناتونۇش بىر مۇھىتقا دۇچ كېلەتتىم، ئېڭىم بارغانسېرى تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتلىنىشكە باشلايتتى، بۇ ھال ھولۇقۇپ ئەس- ھوشۇمنى يوقىتاي دېگەن چاغدىلا ئاندىن ئاخىرلىشاتتى. قولۇمدىكى رومان ۋەقەلىكىگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم كىرىشىپ كېتەتتىم، ئۆزۈمنى گويا ئۇنىڭ ئىچىدىكى دۇنيا بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلاتتىم، ئۆز تەسەۋۋۇرۇمدا سۆز- جۈملىلەرنى كونكرېتلاشتۇرۇشقا، كىتابتا تەسۋىرلەنگەن جىمى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى زاھىر قىلىشقا تىرىشاتتىم.
لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ خىل جىددىي، كىشىنى چارچىتىپ ھالىنى قويمايدىغان تىرىشچانلىقلاردىن نەتىجە كۆرۈلۈشكە باشلايتتى. مەن كۆرۈشكە تەشنا بولۇۋاتقان پىپايان كۆرۈنۈش- مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمدا نامايان بولاتتى؛ ئىس- تۈتەكلەر تاراپ كەتكەندىن كېيىن زېمىن سۈزۈكلەشكەنگە ئوخشاش، كىشىگە تولىمۇ جانلىق تەسىر بېرىدىغان تەپسىلاتلار روي بېرىشكە باشلايتتى. ئارقىدىن ئۇلىشىپلا گويا بىر كىشىنىڭ دەرىزە تۈۋىدە مەمنۇنىيەت ئىلىكىدە تىككىدە تۇرۇپ تالادىكى مەنزىرىلەرگە نەزەر سېلىۋاتقىنىغا ئوخشاش روماندا تەسۋىرلەنگەن شەيئىلەرنى كۆرەتتىم. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا لېف تولستوينىڭ «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» رومانىدىكى پىئېرنىڭ تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ بورودىنو جېڭىگە قانداق نەزەر سالغانلىقى ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنى ئوقۇش رومان ئوقۇشنىڭ ئۆرنىكى ئىدى. بىزگە روماندىكى خىلمۇخىل تەپسىلاتلار ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن قوراشتۇرۇلغاندەك، ئۆز ئىختىيارىمىزغا تاپشۇرۇلغاندەك تۇيۇلىدۇ. بىز يەنە مۇشۇ تەپسىلاتلارنى ئەس- خاتىرىمىزگە جۇغلاش زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. تەپسىلاتلارنى بۇنداق پۈتۈنلەي ئاشكارىلاش گويا بىر پارچە رەسىمگە يۈزلەنگەنگە ئوخشايدۇ، ئوقۇرمەن ئۆزىنى روماندىكى سۆز- ئىبارىلەرنى ئوقۇۋاتىمەن دەپ ئويلىمايدۇ، بەلكى ئۆزىنى بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىدىن ھوزۇرلىنىۋاتىمەن دەپ ھېس قىلىدۇ. بۇ يەردە ئاپتورنىڭ رەسىمدىكى تەپسىلاتلارنى بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە ئوقۇرمەننىڭ كونكرېتلاشتۇرۇش ئارقىلىق سۆز- ئىبارىلەرنى چوڭ تىپتىكى مەنزىرە رەسىمىگە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى ھەممىدىن مۇھىم. بىزنىڭ رومان ئوقۇشىمىز ھەرگىزمۇ بىر كەڭ كەتكەن مەنزىرە، جەڭ مەيدانى ياكى تەبىئەت ئىچىدە قانات يايمايدۇ. بىز يەنە ئۆيدە يۈز بەرگەن ئىشلارغىمۇ نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىمىز. مەزمۇن ئۆي ئىچىدىكى بۇرۇقتۇرما كەيپىيات بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ ـــ كافكانىڭ «شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى» دەل بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. بىزنىڭ ھېكايە ئوقۇشىمىز بەئەينى مەنزىرە تاماشا قىلغانغا ئوخشايدۇ، قەلب كۆزىمىز ھېكايىنى رەسىمگە ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ، ئۆزىمىزنى رەسىمدىكى كەيپىيات ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرىپ ئۇنىڭدىن زوق ئالدۇرۇشقا ھەمدە ئۇنى توختىماي ئىزدىتىشكە تىرىشىدۇ.
يەنە بىر مىسال كەلتۈرەي، تولستوي دەرىزىدىن تالاغا نەزەر تاشلاپ تۇرغان بىر ھالەتنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ، بىز رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا روماندىكى مەنزىرە ئىچىگە قانداق غەرق بولۇپ كەتكىنىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ كۆرۈنۈش ھەر قانداق دەۋردە ئەڭ بۈيۈك سانىلىدىغان رومان «ئاننا كارىنىنا» دىن ئېلىنغان. ئاننا موسكىۋادا فرونسكى بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قالىدۇ. كەچتە پويىزغا ئولتۇرۇپ سانكىت پىتىربۇرگدىكى ئۆيىگە كېتىۋاتقاندا ئېيتقۇسىز بىر خۇشاللىق ئىلىكىگە چۆمۈلىدۇ. چۈنكى ئەتىسى ئەتىگەندە بالىلىرى ۋە ئېرى بىلەن كۆرۈشەتتى. تۆۋەندىكىسى روماندىكى شۇ ھەقتىكى كۆرۈنۈش:

ئاننا . . . قەغەز كېسىدىغان پىچاق بىلەن ئەنگلىيە يازغۇچىسىنىڭ رومانىنى قولىغا ئالدى. ئېيتقۇسىز بىسەرەمجانلىق ۋە شاۋقۇن- سۈرەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى چۇلغۇۋالدى، بۇ ئاۋازلار پويىز قوزغالغاندا چاغدىمۇ ئۇنى ئارامىدا قويمىدى. كەينىدىن سول تەرەپتىكى دەرىزىگە ئۇرۇلۇۋاتقان، دەرىزىگە چاپلىشىپ قېلىۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى، دەرىزە تۈۋىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پويىز خادىمىنىڭ ئۈستى- بېشى قارغا چۈمكەلگىنىچە مەھكەم ئورىنىپ كېتىۋاتقان ھالىتى، سىرتتا دەھشەتلىك شىۋىرغان چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە بولۇنۇۋاتقان پاراڭلار ئۇنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى توختىماستىن تەكرارلىناتتى: ھە دېسىلا سىلكىنىش- تەۋرىنىش، ھۇشقۇيتقان ئاۋاز؛ ھەدېسىلا دەرىزىگە ئۇرۇلۇۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى، پارنىڭ گاھ ئىسسىپ، گاھ سوۋۇپ كېتىشى، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە گاھ پەيدا بولۇپ گاھ غايىپ بولۇشى، ھە دېسىلا ئاشۇ ئاۋازلار. لېكىن، ئاننا روماننى ئوقۇشقا ئاخىرى كىرىشتى، ئوقۇغاندىمۇ ناھايىتى چۈشىنىپ ئوقۇدى. ئانۇشكا مۈگدەشكە باشلىغانىدى، قىزىل سومكىسىنى تىزىغا قويۇۋالغانىدى، يىرتىق پەلەي كىيىۋالغان پەنجىسى كەڭ قوللىرى بىلەن ئۇنى چىڭڭىدە تۇتۇۋالغان ئىدى. ئاننا ئاركادىيېفنا روماننى بېرىلىپ ئوقۇماقتا ئىدى، لېكىن كىتاب ئوقۇشنى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىشنىڭ ئىنكاسى دېيىشكە بولاتتى، شۇڭا ئۇنىڭغا رومان تولىمۇ مەززىسىز تۇيۇلۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇشتىن ئىزدەيدىغان ئىستەكلىرى بەكلا كۈچلۈك ئىدى. روماننى ئوقۇپ ئايال باش پېرسوناژنىڭ بىمارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئۇنىڭ يېنىك قەدەملىرى بىلەن كېسەلخانا ئىچىدە مېڭىپ يۈرگۈسى كەلدى. پارلامېنت ئەزاسىنىڭ نۇتۇق سۆزلەۋاتقان يېرىگە كەلگەندە ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇنداق نۇتۇق سۆزلىگۈسى كەلدى؛ مارى خانىقىزنىڭ ئات مىنىپ، ئوۋ ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ شىكارغا چىققان، يەڭگىسىنىڭ چىشىغا تەگكەن، باتۇرلۇقى بىلەن كىشىلەرنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرغان يېرىگە كەلگەندە ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق بولغۇسى كەلدى. لېكىن، ئۇنىڭغا قىلغۇدەك ئىش يوق ئىدى، شۇڭا ئۇ نازۇك قوللىرى بىلەن ھەدەپ سىيلىق قەغەز كېسىش پىچىقىنى ئوينايتتى، ئۆزىنى رومان ئوقۇشقا زورلايتتى.
ئاننا رومانغا زادىلا كىرىشەلمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس- خىيالى ۋرونسكىدا ئىدى، چۈنكى ئۇ ھاياتقا تەشنا ئىدى. ئەگەر ئۇ پىكىر- خىياللىرىنى رومانغا مەركەزلەشتۈرەلىسە مارى خانىقىزنىڭ ئات مىنگىنىچە بىر توپ ئوۋ ئىتىنىنىڭ كەينىدىن مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاسانلا تەسەۋۋۇر قىلالايتتى؛ ئاشۇ كۆرۈنۈشنى كونكرېتلاشتۇراتتى، دەرىزە سىرتىغا نەزەر تاشلايتتى؛ ئۆزىنى گويا سىرتىدىن كۆزىتىۋاتقان كۆرۈنۈش ئىچىگە ئاستا- ئاستا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.
زور كۆپ ساندىكى يازغۇچىلار روماننى بىر نەچچە بەت ئوقۇپلا مەنزىرە رەسىمىدىن زوق ئېلىۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇدا بولىدۇ. سىتېندالنىڭ «قىزىل ۋە قارا» رومانىنى يېزىشقا قانداق كىرىشكەنلىكىنى ئەسلەپ باقايلى. ئاۋۋال كىچىك شەھەر ۋىرىيالغا يىراقتىن نەزەر تاشلىغىنىمىزدا بۇ شەھەر جايلاشقان تاغ باغرىنى، قىزىل رەڭلىك ئۇچلۇق كاھىشلار بىلەن يېپىلغان ئاپئاق ئۆيلەرنى، بۈك- باراقسان ئۆسۈپ كەتكەن كاشتان دەرەخلىرىنى، شەھەر خارابىسىنى كۆرىمىز. دۇ دەرياسى قەلئە ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدۇ. ئارقىدىن ياغاچ ھەرىدەش زاۋۇتى بىلەن باسما گۈل ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتنى كۆرىمىز.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى بەتلەردە بىز مەركىزىي پېرسوناژنىڭ بىرى بولمىش شەھەر باشلىقى بىلەن ئۇچرىشىمىز ھەمدە ئۇنىڭ مىجەز- خاراكتېرىنى چۈشىنىمىز. رومان ئوقۇشنىڭ ھەقىقىي ھۇزۇرىنى تاشقىي دۇنيادىن ئەمەس، بەلكى رومان دۇنياسىدا ياشايدىغان باش پېرسوناژنىڭ نەزەرىدىكى دۇنيادىن بىۋاسىتە ئالىمىز. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا يىراققا ئاغدۇرۇلغان نەزەر دائىرىمىز بىلەن ۋاقىت ئوتتۇرىسىدا پالاقشىپ يۈرىمىز، ئومۇمىي ئىدىيە بىلەن ئالاھىدە ئىش- ۋەقەلەر ئارىسىدا سەيىر ئېتىمىز. يىراقتىكى مەنزىرە رەسىمىگە نەزەر تاشلىغان چېغىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ رەسىمدىكى پېرسوناژنىڭ ئىدىيەۋى دۇنياسى ئىچىگە كىرىپ كەتكىنىمىزنى ھېس قىلىمىز، پېرسوناژلارنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۇششاق ئۆزگىرىشلەرنى تۇيۇقسىز بايقايمىز. بۇ ـــ جۇڭگونىڭ تاغ- دەريالىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىمدىن ئالغان زوققا ئوخشاپ كېتىدۇ. رەسىمدە جۇغى كىچىكرەك بىر كىشى دەريا سۈيى بىلەن دەل- دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى سۆيۈشۈپ تۇرغان ئورمانلىق ئىچىدىكى بىر قىيا تاشتا تىك تۇرغان بولىدۇ: بىز پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن ئۇنىڭغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرىمىز، ئۇنىڭ كۆزى ئارقىلىق ئەتراپتىكى مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىمىز (جۇڭگوچە رەسىملەردىن مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھۇزۇرلىنىش كېرەك). شۇنىڭ بىلەن مەنزىرىنىڭ رەسىمدىكى پېرسوناژنىڭ ئىدىيەسى، كەيپىياتى ۋە ھېس- تۇيغۇلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى، روماندىكى مەنزىرەنىڭ روماندىكى باش پېرسوناژنىڭ ئىچكى روھىي ھالىتىنىڭ داۋامى ۋە تەركىبىي قىسىمى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. قىلچە يوچۇقى بولمىغان بىر ئۆتكەل ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ بۇ باش پېرسوناژلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىمىز. رومان ئوقۇش بارلىق تەپسىلاتلار ئەس- خاتىرىمىزگە ئورناشقان چاغدا ئۆزىمىزنىڭ ئاستا- ئاستا روماندىكى باش پېرسوناژنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىش- ھەرىكىتىگە ئەگىشىدىغانلىقىمىز ھەمدە ئومۇمىي مەنزىرىدىن بۇ ئىدىيە ۋە ئىش- ھەرىكەتلەرگە مەنە ئاتا قىلىشىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز شۇ تاپتا روماندىكى مەنزىرىگە غەرق بولىمىز. لېكىن بىز تېخى بايىلا سىرتتىن كۆزىتىۋاتقان ئىدۇق: بىز قەلب كۆزىمىز ئارقىلىق تاغ تىزمىلىرىنى كۆرگەندىن باشقا يەنە دەريا سۈيىنىڭ مۇزدەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز، دەل- دەرەخلەرنىڭ ھىدىنى ھىدلايمىز، باش پېرسوناژ بىلەن مۇڭدىشىمىز، روماندا تەسۋىرلەنگەن دۇنيانىڭ تەكتىگە شۇڭغۇيمىز. روماننىڭ تىلى بىزنىڭ بىر- بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان، بىر- بىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدىغان ئامىللارنى ئۆزئارا يۇغۇرۇۋېتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ، بىزنى ئوخشاش بىر كۆرۈنۈش ئىچىدىكى باش پېرسوناژلارنىڭ چىرايى ۋە ئوي- خىياللىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
رومانغا غەرق بولغان چېغىمىزدا ئېڭىمىز جىددىي ھەرىكەتلىنىۋاتقان بولىدۇ، لېكىن بۇ ھال ھەرگىزمۇ ئاننانىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئاننا ئاپئاق قارغا چۈمكىلىپ شاۋقۇن- سۈرەن ئىچىدە پېتىربۇرگقا كېتىۋاتقان پويىزدا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيدۇ- يۇ، قەلبىدە باشقا نەرسىلەرنى ئويلايدۇ. بىز مەنزىرىلەرنى، دەل- دەرەخلەرنى، پېرسوناژلارنى، پېرسوناژلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئۇلار ئۇچراشقان نەرسىلەرنى كۆزىتىمىز؛ ئاشۇ نەرسىلەر قالدۇرغان ئەس- خاتىرىلەر، باشقا پېرسوناژلار ۋە ئادەتتىكى ئىدىيەلەر ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرىمىز. ئېڭىمىز بىلەن ھېس- تۇيغۇلىرىمىز جىدىي ئايلىنىشقا باشلايدۇ، پۈتۈن دىققىتىمىز بىر يەرگە يىغىلىدۇ، يەنە تېخى نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولىدۇ. لېكىن، نۇرغۇنلىرىمىز ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ مەشغۇلاتلارنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئەسلا بىلمەيمىز. بۇ خۇددى شوپۇر ماشىنا ھەيدەۋاتقان چېغىدا خوت يۆتكىگىنىنى، ماشىنىنى تورمۇزلىغىنىنى، رولنى ئېھتىيات بىلەن بۇرىغىنىنى، شۇنداقلا نۇرغۇن قاتناش قائىدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى، ھەر خىل يول بەلگىلىرىنى كۆرۈپ ۋە چۈشىنىپ، قاتناش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلمىگەندەك بىر ئىش.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شوپۇرنىڭ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى توغرىسىدىكى سېلىشتۇرما ئوقۇرمەن بىلەن يازغۇچىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ. بەزى يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ قايسى ماھارەتنى قوللىنىۋاتقانقانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. ئۇلار ئىستىخىيلىك ھالدا يېزىقچىلىق قىلىدۇ، گويا تامامەن تەبىئىي بىر ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىۋاتقاندەك ھالەتتە تۇرىدۇ، كاللىسىدا ئىجرا بولۇۋاتقان تۈرلۈك مەشغۇلات ۋە مۆلچەرلەرنى بىلمەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە پىروزا سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ ھەر خىل چىشلىق چاقلىرى، تورمۇزى ۋە خوتىنى بەرپا قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. بىز بۇنداق پىسىخىكىلىق ھالەتنى «گۆدەك» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەيمىز. بۇ خىلدىكى يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەن يېزىقچىلىق بىلەن ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ سۈنئىي قاتلىمىغا ئەسلا دىققىتىنى ئاغدۇرمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، «قايتا ئويلىنىش» دېگەن سۆز ئارقىلىق شۇنىڭغا قارشى ھالدىكى پىسىخىك ھالەتنى سۈپەتلىسەك بولىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئوقۇرمەن بىلەن يازغۇچى تېكىستنىڭ سۈنئىيلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ، تېكىستنىڭ رېئاللىققا تەڭ ئەمەسلىكىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ، لېكىن ئوخشاشلا تېكست ئىچىگە غەرق بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلار روماننىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ھەمدە رومان ئوقۇغان چاغدىكى ئاڭ پائالىيىتىنىڭ شەكلىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. يازغۇچى بولغان ئىكەن، بىرلا ۋاقىتتا گۆدەك، ئويلىنىشچان سەنئەت شەكلىنى ئىگەللىشىگە توغرا كېلىدۇ.
باشقىچە ئېيتساق، ھەم گۆدەك، ھەم «ھەسرەتلىك» خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ. فىرىدىرېخ شىللېر ئۆزىنىڭ «گۆدەك شېئىر ۋە ھەسرەتلىك شېئىر» (Uber naïve und sentimentalische, 1795- 1796 Dichtung) ناملىق مەشھۇر ماقالىسىدە بۇ ئىككى ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. شىللېرنىڭ شەرھىسىدە مىسكىن ۋە ئازاب ئېڭىغا ئىگە مودېرنىزم شائىرلىرى نېمىس تىلىدىكى «sentimentalische» دېگەن سۆز ئارقىلىق سۈپەتلەنگەن. بۇنداق شائىرلار بالىلارغا خاس بىغۇبارلىقى، گۆدەكلىكى ۋە مىجەز- خۇلقىنى يوقاتقان بولىدۇ. بۇ، ئىنگلىز تىلىدىكى «sentimental» سۆزنىڭ مەنىسى بىلەن تامامەن ئوخشىمايدۇ. لېكىن، بىز كونكرېت مەنىسىگىلا ئېسىلىۋالساق بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە شىللېر لاۋرىنىس سىتېرىننىڭ «ھەسرەتلىك سەپەر» دېگەن ئەسىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئىنگلىز تىلىدىن سۆز قوبۇل قىلغان (شىللېر لاۋرىنىس سىتېرىنغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۇنى گۆدەك، بالىلارچە تالانتلىقلار قاتارىغا قوشۇۋەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە دانتى، شىكىسپىر، سېرۋانتىس، گيۇتى، ھەتتا دۈرېرمۇ بار ئىدى). بىز شۇنى بىلىشكە ئىنتىزارمىزكى، شىللېر مۇشۇ سۆزنى ئىشلىتىپ ھېلىقىدەك تەبىئىيلىكتىن چەتنىگەن ئاددىي- ساددىلىق ۋە كۈچ- قۇدرەتنى ئىپادىلىگەن، ئۆزلۈك كەيپىياتى ئىدىيەنىڭ ئاڭ ھالىتىگە زىيادە مەپتۇن بولۇپ كەتكەن. ياش ۋاقتىمدا شىللېرنىڭ بۇ ماقالىسىگە قەۋەتلا ئامراق ئىدىم، شۇ تاپتا مەزكۇر ماقالىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ باققۇم، مەزكۇر ماقالە ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ پىروزا سەنئىتى ھەققىدىكى ئىدىيەلىرىمنى شەرھىلەپ باققۇم (مەن ئىزچىل شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىمەن) ھەمدە توغرا ئىپادىلەپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.
توماس مان شىللېرنىڭ بۇ مەشھۇر ماقالىسىنى «نېمىس تىلىدا ئەڭ گۈزەل ھالەتتە يېزىلغان ماقالە» دەپ قارىغان. شىللېر شائىرلارنى گۆدەك ۋە ھەسرەتلىك دەپ ئىككى خىلغا ئايرىيدۇ. گۆدەك شائىر تەبىئىيلىك بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كېتىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ئۇلار تەبىئىي ـــ تىنچ، رەھىمسىز ئەمما تولىمۇ دانا كېلىدۇ. ئۇلار شېئىرنى سەمىمىيلىك بىلەن يازىدۇ، ئېڭىدا ئەكس ئەتكەننى ئويلاپ تۇرمايلا ئەينەن يازىدۇ، شېئىرنىڭ تىلىغا ياكى ئېتىكىلىق نەتىجىسىگە ئۇنچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ، باشقىلارنىڭ قانداق باھا بېرىشى بىلەنمۇ ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۆزى بىلەن دەۋرداش شائىرلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇلار شېئىرنى تەبىئىيلىك ئاتا قىلغان بىر ئورگانىك تەسىرات دەپ قارايدۇ، بۇ خىل تەسىرات ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئالىمىدىن ئەزەلدىن ئايرىلمايدۇ. گۆدەك شائىرلار تەبىئىيلىكنىڭ بىر قىسىمى؛ شېئىر تەبىئىيلىكتىن يارىتىلىدۇ ۋە سىتېخىيلىك ھالدا گۆدەك شائىرلانىڭ قەلىمىدىن تۆكۈلىدۇ. شېئىر ھەرگىزمۇ شائىرنىڭ تەپەككۇرىدىن تۆكۈلمەيدۇ، ئۇ شائىرنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئىجاد قىلىشىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، مەلۇم خىل بېكىتىلىپ قويۇلغان ۋەزىن- قاپىيەلەر ياردىمىدە ئىپادىلىنىشكە مۇھتاج بولمايدۇ، ھەم توختىماي ئۆزگەرتىش ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد قىلىشقىمۇ ئېھتىياجى يوق. شېئىر ھېچقانداق ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا قەلەم ئۇچىدىن تۆكۈلۈشى كېرەك. شېئىر ھەتتا تەبىئىيلىك ياكى باشقا مەلۇم خىل كۈچ- قۇدرەتنىڭ بىشارىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن. بۇنداق رومانتىزملىق كۆز قاراشنى تەرغىپ قىلىدىغانلاردىن يەنە ئەنگىلىيە شائىرى سامۇئېل تايلور كولېرىجمۇ بار. ئۇ ـــ گېرمانىيە رومانتىزمىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى. ئۇ 1816- يىلىدىكى «قۇبلايخان» ناملىق شېئىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە يۇقىرىقى ئىدىيەلەرنى ئېنىق ئىپادىلىگەن («قار» ناملىق رومانىمدىكى باش پېرسوناژ، شائىر كار دەل كولېرىج ۋە شىللېرنىڭ تەسىرىدە شېئىر يازىدۇ، شۇنداقلا گۆدەك شېئىر كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ). شىللېرنىڭ ماقالىسىنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا چەكسىز قايىللىقىم قوزغىلىدۇ. ئۇ تىلغا ئالغان گۆدەك شائىر ھەل قىلغۇچ خاراكتېرگە ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ قويغۇم كېلىدۇكى، گۆدەك شائىرلار ئۆز تىلى، سۆزلۈكى ۋە مىسرالىرىنىڭ ئاددىي مەنزىرىلەرنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغانلىقىدىن قىلچە گۇمانلانمايدۇ، ئۇ يەنە تېخى ئاشۇنداق ئاددىي مەنزىرىلەرنى قايتا نامايان قىلالايدۇ، دۇنيانىڭ ئەھمىيىتىنى ناھايىتى جايىدا ۋە ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ سۈرەتلەپ بېرەلەيدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەكمۇ يىراقتىكى ئىش ئەمەس، ھەم ئۇنچە مەخپىي، يوشۇرۇن ئىشمۇ ئەمەس.
يەنە بىر جەھەتتىن، شىللېر «ھەسرەتلىك» (ھېسسىياتچان، شەيئىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىدىغان) شائىرلارنى بەزى جەھەتلەردە دەككە- دۈككە ئىچىدە ياشايدۇ دەپ قارايدۇ: بۇنداق شائىرلار ئۆزى ئىشلەتكەن تىلنىڭ ھەقىقەتكە تويۇنغان- تويۇنمىغانلىقىغا، ھەقىقەتكە يېتەلىگەن- يېتەلمىگەنلىكىگە جەزىم قىلالمايدۇ؛ بايان قىلغانلىرىنىڭ ئۆزى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىنى يەتكۈزەلىگەن- يەتكۈزەلملىگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بۇ خىلدىكى شائىرلار ئۆزى يازغان شېئىرغا زىيادە دىققەت قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ؛ شېئىرىدا ئىشلەتكەن مېتود، ماھارەت ۋە ئۆزى تىرىشىپ يۈرۈپ قوللانغان تاكتىكىلارغا قادىلىۋالىدۇ. گۆدەك شائىرلار ئۆزى ھېس قىلغان دۇنيا بىلەن دۇنيانىڭ ئۆزىنى ئۇنچە تەپسىلىي ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ. لېكىن، ھەسرەتلىك، ئويلىنىشچان مودېرنىستىك شائىرلار ئۆزى ھېس قىلغان جىمى شەيئىلەردىن گۇمانلىنىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ھېس- تۇيغۇلىرىدىنمۇ گۇمانلىنىدۇ. ئۇ ئۆز ھېس- تۇيغۇلىرىنى شېئىر مىسرالىرىغا سىڭدۈرگەن چېغىدا نۇرغۇن تەربىيەۋى، ئىدراكىي، ئېتىكىلىق پىرىنسىپلار ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىدۇ.
تەپەككۇر سەنئىتى، ئەدەبىيات بىلەن تۇرمۇش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىللېرنىڭ مېنىڭ نەزەرىمدە تولىمۇ قىزىقارلىق، مەشھۇر سانىلىدىغان بۇ ماقالىسىنى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بىر چەشمە بۇلاق دېيىشكە بولىدۇ. ياش ۋاقتىمدا بۇ ماقالىنى يېنىش- يېنىشلاپ ئوقۇغان، ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىش- ۋەقەلەر، باھالانغان شائىرلار ئۈستىدە ھەمدە ھېچقانداق تەپەككۇرسىز، ئۇدۇللا يېزىلغان، ئەقىل- ئىدراكنىڭ ياردىمىدە، ئۆزلۈك ئېڭى ئاساسىدا يېزىلغان شېئىرلار ئارىسىدىكى تۈرلۈك پەرقلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغان ئىدىم. بۇ ماقالىنى ئوقۇۋېتىپ، يازغۇچى سالاھىيىتىدىكى ئۆزۈم ھەمدە رومان يازغان ۋاقتىمدا ھېس قىلغان ھەر خىل كەيپىياتىم ھەققىدىمۇ ئويلانغانىدىم. ئۆزۈمنىڭ رومان ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇنقى رەسىم سىزغاندىكى ھېس- تۇيغۇلىرىمنى ئەسلىدىم. 17 ياش ۋاقتىمدىن 22 ياش ۋاقتىمغىچە رەسىم سىزدىم. بۇ مەزگىلدە بىر كۈنلەردە رەسسام بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. لېكىن، رەسىملىرىم ئەزەلدىن گۆدەكلىك تۈسىدىن قۇتۇلالمىغان ئىدى. كېيىن رەسىم سىزىشتىن ۋاز كەچتىم، بەلكىم مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەنگەندىن كېيىن شۇنداق قىلغاندىمەن. يەنە شۇ چاغلاردا شىللېرنىڭ سەنئەت بىلەن ئەدەبىياتنى نېمە ئۈچۈن ئەڭ ئومۇمىي مەنىدىكى «شېئىر» دەپ ئاتىغانلىقى ھەققىدە ئويلىناتتىم. مۇشۇ يۈرۈشلۈك لېكسىيەلىرىمدىمۇ يەنىلا ئوخشاش مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتىمەن ۋە مۇشۇ ئارقىلىق نورتون لېكسىيەلىرىنىڭ روھى ۋە ئەنئەنىسىگە بويسۇنۇۋاتىمەن. شىللېرنىڭ مەزمۇنى مول، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بۇ ماقالىسى مېنىڭ پىروزا سەنئىتى ھەققىدە ئويلىنىشىمغا ھەمراھ بولىدۇ، ياش ۋاقتىمدىكى ئىجادىيەت يولۇمنىڭ «گۆدەكلىك» بىلەن «ھەسرەت» ئارىسىدا قانداق ئارىسالدى بولۇپ يۈرگەنلىكىنى ئېسىمگە سالىدۇ.
شىللېرنىڭ ماقالىسى يالغۇز شېئىر ياكى ئومۇمىي سەنئەت ۋە ياكى ئەدەبىيات ھەققىدىلا ئەمەس، بەزى جايلىرى ئەمەلىيەتتە كىشىلىك خاراكتېر تىپىدىكى پەلسەپىۋى تېكىستلەر ھەققىدىمۇ يېزىلغان. بۇ مەزمۇنلار بىۋاستە دىراما ۋە پەلسەپەنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەن سۆز- ئىبارىلەر ئارىسىدىكى شەخسىي ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلارنى ئوقۇشقا تولىمۇ ئامراق. شىللېر: «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل تۈرى بار» دەيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، گېرمان ئەدەبىيات تارىخىغا ئاساسلانغاندا «گۆدەك شائىرلار گىيۇتىغا، ھەسرەتلىك شائىرلار ماڭا ئوخشايدۇ!» دېگەنلىكتۇر. شىللېر گىيۇتىغا ھەسەت قىلاتتى. چۈنكى گىيۇتى شېئىرلىرىنى ئاجايىپ تالانت بىلەن يېزىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىگە زىيادە ئىشىنەتتى، سالماق ھەم سالاپەتلىك ئىدى؛ خېنىم مىجەزلىكتىن، سۈنئىي، ياسالمىلىقتىن خالىي ئىدى؛ ئاقسۆڭەكلەرگە خاس سۈر- سەيۋىسى بار ئىدى. بۈيۈك، قالتىس ئىدىيەلەر ئاغزىدىن سۇدەك تۆكۈلۈپ تۇراتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئىدى. ئاددىي- ساددا، كەمىتەر، كىچىك پېئىل، تالانتلىق ئىدى. يەنە تېخى ۋۇجۇدىدا مۇشۇنداق كۆپ ئارتۇقچىلىقنىڭ بارلىقىنى ئۆزىمۇ سەزمەيتتى؛ بەئەينى بالىلاردەكلا ساددا، مەسۇم ئىدى. ئەكسىچە، شىللېر بولسا تەپەككۇرى كۈچلۈك، دانا، ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى تولىمۇ چىگىچ ۋە ئازابخۇمار كىشى ئىدى. ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات مېتودىنى ناھايىتى سەگەكلىك بىلەن تونۇيتتى، مۇشۇ مېتودىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىگە گۇمانىي پوزىتسىيە تۇتاتتى ھەمدە مۇشۇ پوزىتسىيە ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى تېخىمۇ زامانىۋىدەك ھېس قىلاتتى.
30 يىلنىڭ ئالدىدا «گۆدەك شائىر ۋە ھەسرەتلىك شائىر» ناملىق بۇ ماقالىنى ئوقۇغان چېغىمدا مەنمۇ شىللېرغا ئوخشاش گيۇتىغا غەزىپىم كېلەتتى؛ تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى بىر ئەۋلاد يازغۇچىلىرىنىڭ ساددا، گۆدەك ئۇسلۇبتا يېزىلغان ئەسەرلىرىدىن بىزارلىقىم قوزغىلاتتى. ئۇلار روماننى تولىمۇ ئەركىن ھالەتتە يازاتتى، ئەزەلدىن ئۇسلۇب ۋە ماھارەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئېتىبارغا ئالمايتتى. مەن ئۇلارنى «گۆدەك» دېگەن سۆز (ئەينى چاغدا مەن بۇ سۆزنى ئىنكار مەنىسىدە ئىشلىتىشكە مايىل ئىدىم) بىلەن سۈپەتلەيتتىم، شۇنداقلا 19- ئەسىردىكى پۈتۈن دۇنيادىكى بالزاكچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان بارلىق رومانلارنى ھەقىقىي ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ دەپ قارايتتىم، ئاشۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قىلچە شۈبھىلەنمەي قوبۇل قىلاتتىم. مانا ئەمدىلىكتە 35 يىللىق پىروزا ئىجادىيىتى سەرگۈزەشتىسى بېشىمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، قەلبىمدىكى گۆدەك يازغۇچىلار بىلەن ھەسرەتلىك يازغۇچىلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى تېپىپ چىققانلىقىمغا ئۆزۈمنى ئىشەندۈرۈشكە قايىل قىلىۋاتىمەن.
مەن ئالدىدا روماندا تەسۋىرلەنگەن دۇنيانى مۇھاكىمە قىلغان چېغىمدا مەنزىرە مېتافوراسىنى ئىشلەتكەنىدىم. يەنە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىمەنكى، ئارىمىزدىكى بەزى كىشىلەر رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدىكى ئاڭ پائالىيىتىنى بىلمەيدۇ. بۇ خۇددى شوپۇر ماشىنا ھەيدىگەندە ئىجرا قىلىۋاتقان مەشغۇلاتلارنى ھېس قىلمىغاندەك بىر ئىش. گۆدەك يازغۇچىلار بىلەن بىغۇبار ئوقۇرمەنلەر مۇشۇ توپتىكى كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ماشىنىغا ئولتۇرۇپ زېمىننى كەزگەندە ماشىنا ئەينىكىنىڭ سىرتىدا كۆز ئالدىدا زاھىر بولۇۋاتقان يېزا- سەھرالار ۋە ئادەملەرنى چۈشەنگەنلىكىگە سەمىمىيلىك بىلەن ئىشىنىدۇ. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ماشىنا دەرىزىسىنىڭ سىرتىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ كۈچ- قۇدرىتىگە ئىشىنىدۇ- دە، ئۆزى كۆرگەن جىمى ئادەملەر ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئۆز پىكرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلايدۇ. بۇ، ھەسرەتلىك ـــ ئويلىنىشچان تىپتىكى يازغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە ھەسەت پەيدا قىلىدۇ. ھەسرەتلىك ـــ ئويلىنىشچان تىپتىكى يازغۇچىلار دەرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ ماشىنا دەرىزىسىنىڭ كىشىكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئەينەككە يەنە لاي- پاتقاق چاپلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك بېككىتچە سۈكۈتكە چۆمىدۇ، ياكى بولمىسا ماڭا ۋە زامانىمىزدىكى نۇرغۇن يازغۇچىلارغا ئوخشاش ماشىنىنىڭ رولىنى، خوتىنى، لاي- پاتقاق چاپلىشىپ قالغان دەرىزىنى ھەمدە ماشىنىنىڭ نەچچىنچى خوتتا كېتىپ بارغانلىقىنى ئاشۇ مەنزىرىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كۆزىمىزگە كۆرۈنگەن نەرسىلەرنىڭ ھامان روماننىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسلا ئۇنتۇلۇپ قالمايمىز.
ھۆكۈمىمىزنى سېلىشتۇرۇپ ئالدى- كەينىمىزگە دەسسەپ قالماسلىقىمىز، شۇنداقلا شىللېرنىڭ ماقالىسىگە مەپتۇن بولۇپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئەڭ مۇھىم ئاڭ پائالىيىتىمىزنى ئىنچىكە رەتلەپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. رومان ئوقۇش جەريانىدا ھېس- تۇيغۇلىرىمىز ھامان مۇشۇنداق تەپەككۇر مەشغۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، پەقەت ئاشۇ «ھەسرەتخۇمار» يازغۇچىلارلا بۇ مەشغۇلاتلارنى تونۇپ يېتەلەيدۇ، بەش قولدەك بىلىپ تۇرىدۇ. بۇ قەدەر ئىنچىكە تەھلىل قىلىش بىزگە روماننىڭ ئەمەلىيەتتە قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنى بىزنىڭ چۈشىنەلەيدىغانلىقىمىزنى، لېكىن ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلىكىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. تۆۋەندىكىسى رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئېڭىمىز ئىجرا قىلىدىغان مەشغۇلاتلار:
1.ئومۇمىي مەنزىرەنى كۆزىتىمىز ھەمدە شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۇرۇپ بايان قىلىمىز. ئىسپانىيەلىك مۇتەپەككۇر ۋە پەيلاسوپ جوس ئورتېگا گاسسېت (Jose Ortega Gasset) سېرۋانتىسنىڭ «دونكىخوت» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى شەرھىلىگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بىز تەۋەككۇلچىلىك رومانلىرى، رېتسارلار رومانى ۋە ئاممىباب رومانلار (رازۋېدكا رومانى، رومانتىك رومانلار، جاسۇسلۇق رومانى قاتارلىقلارنى بەلكىم مۇشۇ تۈرگە مەنسۇپ قىلىشقا بولۇشى مۇمكىن) ئوقۇيمىز، بۇنىڭدىكى مەقسەت ـــ كېيىنكى قەدەمدە قانداق ۋەقەلىك چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن. لېكىن، مودېرنىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان رومانلار (ئۇنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنى بىز ھازىر دەۋاتقان «ئەدەبىي رومانلار») نى ئوقۇشتىكى مەقسىتىمىز بولسا ئۇنىڭدىكى كەيپىياتتىن ھوزۇرلىنىش. گاسسېتنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسلانغاندا، كەيپىيات تەسۋىرلەنگەن رومانلارنىڭ بەكرەك قىممىتى بولىدۇ، ئۇ گوياكى بىر پارچە «مەنزىرە رەسىمى» گە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا بايان تىپىدىكى مەزمۇنلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
بىز ھەمىشە ئوخشاش بولغان نېگىزلىك ئۇسۇلدا رومان ئوقۇيمىز؛ روماندا زور مىقداردىكى بايان تەسۋىرى بىلەن ھەرىكەت بارمۇ- يوق، بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىگە ئوخشامدۇ- ئوخشىمامدۇ دېگەنلەر بىلەن ھېسابلاشماي ئوقۇشقا كىرىشىمىز، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق بايان تۈسىدىكى مەزمۇنلار ئۇچرىمايدۇ. بىز ئادەتلەنگەن ئۇسۇلىمىز بويىچە بايان قوغلىشىپ ئوقۇيمىز، رومان ئوقۇۋېتىپ ئۇچرىغان شەيئىلەرنىڭ يوشۇرۇن مەنە ۋە ئاساسلىق مۇددىئادىن بىشارەت بېرىپ قېلىش مۇمكىنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز. بىر پارچە رومان بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىگە ئوخشاش نۇرغۇن دەل- دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرىنى بىر- بىرلەپ تەپسىلىي تەسۋىرلەيدۇ، ئەمما ھېچقانداق بىر ئىشنى بايان قىلمايدۇ (ئالايلۇق، ئالان روب گرىللېت [Alain Robbe-Grillet] ياكى مىچىل بۇتور [Michel Butor] فىرانسىيە «يېڭىچە پىروزا» سىدا قوللىنىلغان ماھارەتلەرنى ئىجاد قىلغان). بىز يەنە بايان قىلغۇچى مۇشۇنداق شەكىل ئارقىلىق بىزگە بىرەر مەنىنى ئىپادىلەپ بەرمەكچى بولۇۋاتامدۇ نېمە؟ دەرەخلەرنىڭ بۇ يۇپۇرماقلىرى ئاخىرىدا قانداق ھېكايىلەرنى ھاسىل قىلار؟ دەپ ئويلىنىمىز. بىزنىڭ ئېڭىمىز توختىماستىن بىرەر غەرەز، كۆز قاراش، مەقسەت- مۇددىئا ھەمدە بىر سىرلىق مەركەزنىڭ تېگىگە يېتىشنى ئىستەيدۇ.
2. سۆز- ئىبارىلەرنى ئېڭىمىزدىكى ئىماگلارغا ئايلاندۇرىمىز. رومان بىر ھېكايىنى بايان قىلىدۇ، لېكىن رومان يالغۇز بىر ھېكايىلا ئەمەس. ھېكايە نۇرغۇن نەرسىلەر، تەسۋىرلەر، تىۋىش- سادالار، سۆھبەتلەر، خىياللار، ئەسلىمىلەر، ئۇچۇر پارچىلىرى، ئىدىيەلەر، ئىش- ۋەقەلەر، كۆرۈنۈشلەر ۋە ۋاقىتلار ئىچىدىلا ئاندىن ئاستا- ئاستا نامايان بولىدۇ. روماندىن زوق ئالىمەن دەيدىكەنمىز، سۆز- ئىبارىلەردىن نېرى تۇرۇشقا، ئاشۇ شەيئىلەرنى ئېڭىمىزدىكى ئىماگلارغا ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىز سۆز- ئىبارىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن مەنىنى تەسەۋۋۇرىمىزدىكى رەسىملەرگە ئايلاندۇرغان چېغىمىزدىلا ئاندىن ھېكايىنى تاماملىغان بولىمىز. بۇ جەرياندا تەسەۋۇر كۈچىمىزنى رىغبەتلەندۈرىمىز؛ كىتابتا زادى نېمە دېيىلگەنلىكى، بايان قىلغۇچىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقى، نېمە مەنىنى يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ياكى ئۇنىڭ شۇ تاپتا نېمە دەۋەتقانلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. باشقىچە ئېيتقاندا، روماننىڭ مەركىزىنى ئىزدەيمىز.
3. ئېڭىمىزنىڭ يەنە بىر قىسىمى يازغۇچى تەسۋىرلىگەن ھېكايىلەرنىڭ قانچىلىكىنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىش، يەنە قانچىلىكىنىڭ تەسەۋۋۇر ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولىدۇ. بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىزنى، قايىللىقىمىزنى ۋە ھەيرانلىقىمىزنى قوزغاۋاتقان مەزمۇنلارغا قارىتا بىز مۇنداق بىر سوئالنى قويىمىز. رومان ئوقۇش ـــ توختىماي ئىزدىنىش دېمەكتۇر. بىز ئۇنىڭغا مەيلى قانچىلىك بېرىلىپ كەتمەيلى، مۇنۇ بىر نۇقتىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز كېرەك: بۇلارنىڭ قانچىلىكى خىيال، قانچىلىكى چىنلىق؟ بىر جەھەتتىن، بىز روماندىن يوقىتىپ قويغان ئۆزلۈكىمىزنى ھېس قىلىمىز، روماندا تەسۋىرلەنگەن مەزمۇنلارنى تولىمۇ ساددىلارچە راست دەپ ئويلاپ قالىمىز. يەنە بىر جەھەتتىن، روماندىكى خىيال تەركىبلىرىگە ھەسرەتلىك پوزىتسىيە تۇتىمىز. بۇنى بىر لوگىكىلىق پارادوكىس دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، رومان سەنئىتىنىڭ پۈتمەس- تۈگىمەس كۈچ- قۇدرىتى ۋە ھاياتىي كۈچى مۇشۇ ئۆزگىچە لوگىكىنى مەنبە قىلىدۇ، ئۇنىڭ مۇشۇ خىل لوگىكىلىق توقۇنۇشىشىنى مەنبە قىلىدۇ. رومان ئوقۇش غەيرىي دىكارتچە لوگىكىلىق چۈشەنچە دۇنياسىدىن دېرەك بېرىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، توختىماي داۋاملىشىدىغان، ئىلگىرىكىدىن پەرقلەنمەيدىغان ئىقتىدار بولۇشى، شۇنداقلا ئۆز ئارا زىتلىشىدىغان كۆز قاراش بولۇشى كېرەك. قەلبىمىزدە ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ھەقىقىي سىياقتىكى ئۈچىنچى خىل ئۆلچەم ـــ رومان دۇنياسىغا بولغان مۇرەككەپ ئۆلچەم ئاستا- ئاستا پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئېلېمېنتلار ئۆز ئارا توقۇنۇشىدۇ، شۇنداقلا يەنە قوبۇل قىلالايدۇ، تەسۋىرلىيەلەيدۇ.
4. بىز يەنىلا: «رېئاللىق مۇشۇنداق بولامدۇ؟ روماندا بايان قىلىنغان ۋە تەسۋىرلەنگەن ئىش- ۋەقەلەر بىزنىڭ رېئال تۇرمۇشىمىزدا چۈشەنگەن ئىش- ۋەقەلەرگە ماس كېلەمدۇ- يوق؟» دەپ سوئال قويىمىز. ئالايلۇق، بىز ئۆزىمىزدىن: «1870- يىللىرى موسكىۋادىن سانكىت پېتىربۇرگقا قاراپ يولغا چىققان كېچىلىك پويىزدا بىر يولۇچى تولۇق رازىمەنلىك ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بىلەن رومان ئوقۇۋاتامدۇ؟ ئاپتور بىزگە ئاننانىڭ ھەقىقىي بىر كىتاب مەستانىسى ئىكەنلىكىنى، شۇنداق ۋاراڭ- چۇرۇڭ مۇھىتتا تۇرۇپمۇ كىتاب ئوقۇغۇسى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىۋاتامدۇ نېمە؟» دەپ سورايمىز. ئۈمىدۋارلىق روھى رومان يېزىش ماھارىتىنىڭ يادروسىدۇر. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھېس قىلغان ۋە ئېرىشكەن بىلىملەرگە ئەگەر مۇۋاپىق شەكىل ئاتا قىلىنسا ھەقىقىي سىياقتىكى قىممەتلىك بىلىملەرگە ئايلىنىدۇ.
5. بۇ خىل ئۈمىدۋارلىق روھىنىڭ تەسىرىدە بىز ئىماگنىڭ توغرىلىقىغا، خىيال ۋە باياننىڭ كۈچ- قۇدرىتىگە، جۈملىلەرنىڭ قوراشتۇرۇلۇشىغا، نەسىر ئۆز ئىچىگە ئالغان يوشۇرۇن ئەمما ھەقىقىي، چىن بولغان شېئىرىي تۇيغۇ ۋە قاپىيەگە باھا بېرىمىز ھەم شۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپىمىز. ئۇسلۇبتىكى ماھارەت مەسىلىسى بىلەن ھۇزۇرلىنىش ئۈنۈمى گەرچە رومان سەنئىتىنىڭ يادروسى ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن شۇنىڭ يادروسىغا يېقىن كېلىدۇ. كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان بۇ تېمىنى مىليونلىغان ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ.
6. باش پېرسوناژنىڭ تاللىشى ۋە ئىش- ھەرىكىتىگە ئەخلاقىي ھۆكۈم قىلىمىز، شۇنداقلا يەنە يازغۇچىنىڭ روماندىكى پېرسوناژلار ھەققىدىكى ئەخلاقىي ھۆكۈمىنى تەنقىد قىلىمىز. ئەخلاقىي ھۆكۈم رومان ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدىغان سازلىق، پاتقاقلىق. شۇ ئېسىمىزدە بولسۇنكى، پىروزا سەنئىتى پېرسوناژلارنى تەنقىد قىلماستىن، ئەكسىچە پېرسوناژلارنى چۈشەنگىنى ئۈچۈن ئەڭ قالتىس نەتىجە يارىتالايدۇ. ئېڭىمىزدا ئەخلاقىي ھۆكۈمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالساق بولمايدۇ. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئەخلاق ئەلۋەتتە پۈتكۈل مەنزىرىنىڭ بىر قىسىمى بولىدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ قەلبىمىزدىن ئۆرلەپ چىقىپ روماندىكى پېرسوناژلار تەرەپكە يۈزلىنىۋالسا بولمايدۇ.
7. ئېڭىمىز بىرلا ۋاقىتتا يۇقىرىدا دېيىلگەن مەشغۇلاتلارنى ئىجرا قىلىۋاتقان پەيتتە بىز ئۆزىمىزنىڭ بىلىمگە، چوڭقۇرلۇققا ۋە چۈشىنىشكە ئېرىشكەنلىكىمىزنى تەبرىكلەيمىز. بولۇپمۇ ھېلىقىدەك يۈكسەك دەرىجىدە ئەدەبىيلەشكەن رومانلارنى ئوقۇغاندا تېكست بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋىتىمىز شەخسىي مۇۋەپپەقىيىتىمىزگە ئايلىنىدۇ. قەلبىمىزدە روماننىڭ پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈنلا يېزىپ چىقىلغاندەك بىر خىل تاتلىق خىيال ئاستا- ئاستا پەيدا بولىدۇ. يازغۇچى بىلەن ئارىمىزدا شەكىللەنگەن يېقىنلىق ۋە ئىشەنچ بىزنى كىتابنىڭ چۈشەنگىلى بولمايدىغان قىسىمىدىن زىيادە ئەندىشىگە چۈشۈشىمىزدىن ياكى بىز قارشى تۇرۇۋاتقان ۋە ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالمايدىغان شەيئىلەردىن چەتلىتىدۇ ۋە ساقلاپ قالىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا بىز ھەمىشە مەلۇم دەرىجىدە يازغۇچى بىلەن شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولىمىز. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئېڭىمىزنىڭ بىر قىسىمى بىزنىڭ مۇشۇ خىل شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىزنى قوللىشىمىزغا ياردىمى بولىدىغان ئىجابىي خاسلىقنى يوشۇرۇش، ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش، يارىتىش ۋە قۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ. چۈنكى بىز بايانغا ئىشەنگەچكە بايان قىلغۇچىغا ئىشەنگۈمىز بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايمىز. چۈنكى بىز تولىمۇ ساداقەتمەنلىك بىلەن باياننى ئوقۇشقا ئىنتىزار، ھەتتا يازغۇچىنىڭ مەلۇم كۆز قاراشلىرىنى، مايىللىقىنى ۋە ھەۋەس- ئىشتىياقىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئايانمايمىز.
8. مۇشۇ ئاڭ پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان چاغدا ئەس- خاتىرىمىز بىر دەقىقىمۇ توختىماستىن جىددىي خىزمەتكە كىرىشىدۇ. ئاپتور بىزگە نامايان قىلىپ بەرگەن ئالەمدىن مەنە ۋە كىتاب ئوقۇش ھوزۇرىنى بايقاش ئۈچۈن بىز روماننىڭ يوشۇرۇن مەركىزىنى ئىزدەش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمىز. شۇ ۋەجىدىن، بىز روماندىكى ھەر بىر تەپسىلاتنى گويا دەرەخنىڭ ھەر بىر يۇپۇرمىقىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتقاندەك ئەس- خاتىرىمىز ئىچىگە تىندۇرۇۋېتىمىز. يازغۇچى ئانچە ئەستايىدىل ئەمەس ئوقۇرمەنلەرنى دەپ ئۆزى تەسۋىرلەۋاتقان دۇنيانى ئاددىيلاشتۇرۇۋەتكەن ۋە سۇيۇلدۇرۇۋەتكەن بولسا ھەر بىر ئىشنى ئەستە تۇتۇش ناھايىتى مۈشكۈل بىر ۋەزىپىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ مۈشكۈللۈك يەنە رومان شەكلىنىڭ چېگراسىنى بەلگىلەيدۇ. روماننىڭ ئۇزۇنلۇقى روماننى ئوقۇش جەريانىدا توپلىغان بارلىق تەپسىلاتلارنى ئەستە تۇتۇۋېلىشىمىزغا يول قويۇشى شەرت. چۈنكى بىز روماندا تەسۋىرلەنگەن مەنزىرىلەردىن ئۆتكەن چاغدا بىز يولۇققان ھەر بىر ئىشنىڭ ئەھمىيىتى باشقا جىمى ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. روماننى ئىخلاس بىلەن پۈتتۈرۈۋاتقان چاغدا جىمى ئىشلار ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. بۇ پۈتكۈل مۇناسىۋەت روماننىڭ كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە يوشۇرۇن مەركىزىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
9. پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن روماننىڭ يوشۇرۇن مەركىزىنى ئىزدەيمىز. بۇ ـــ رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا بىزنىڭ ئېڭىمىزدا ئەڭ كۆپ ئىجرا بولىدىغان مەشغۇلاتتۇر. بىز بۇ ھەقتە ھېچنېمىنى بىلمىسەكمۇ يەنىلا بۇ نۇقتا ئۈستىدە ھەسرەت ئىلىكىدە ئويلىنىمىز. روماننىڭ باشقا ئەدەبىي بايان تىپىدىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكىدە بىر يوشۇرۇن مەركەز بولىدۇ. توغرىراقى، رومان بىزنىڭ ئوقۇش داۋامىدا رومان ئىچىدىن توختىماي بىز مەركەز ئىزدەۋاتقانلىقىمىزغا ئىشىنىشىمىزگە تايىنىدۇ.
روماندىكى مەركەز نېمىدىن تۈزۈلگەن؟ مەن شۇنداق جاۋاب بېرىمەنكى، رومان روماننى تەشكىل قىلىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن تۈزۈلگەن. لېكىن، بىز سەۋەبىنىمۇ بىلمەستىن شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىز سۆزمۇ- سۆز، جۈملىمۇ- جۈملە ئىزدەۋاتقان مەركەز چوقۇمكى روماننىڭ تاشقىي كۆرۈنۈشىدىن يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشتىكى مەلۇم بىر جايدا بار ئىكەنلىكىنى، بىۋاستە كۆرگىلى، تۇتقىلى، ئىز- دېرىكىنى قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، تولىمۇ جانلىق، تېتىك دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز. بىز تولىمۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن بۇ مەركىزىي كۆرسەتكۈچنى ھەممىلا جايغا ئومۇميۈزلۈك تارقالغان، بۇ مەركەز روماننىڭ جىمى تەپسىلاتلىرىغىچە باغلانغان دەپ قارايمىز. مەزكۇر يۈرۈشلۈك لېكسىيەدە مەن بۇ مەركەزنى تولىمۇ چىن ھەم خىيالىي يوسۇندا مۇھاكىمە قىلدىم.
چۈنكى بىز روماندا مەركەزنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز ياكى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا گويا ئوۋچى زېمىننى كەزگەندەك ھەر بىر تال يوپۇرماق، ھەر بىر تال سۇنۇق شاخ- شۇمبىلارنى مەلۇم بىر خىل ئالامەت، بىشارەت دەپ قاراپ، ئۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىمىز. ئالدىمىزغا قاراپ ئىلگىرىلەيمىز، روماندىكى ھەر بىر يېڭى سۆز، بۇيۇم، پېرسوناژ، باش پېرسوناژ، سۆھبەت- پاراڭ، تەسۋىر، تەپسىلات، تىل ۋە ژانېردىكى ھەر بىر خىل خاسلىق، باياننىڭ ھەر بىر قېتىملىق بۇرۇلۇش ياسىشى شۇنچە يوشۇرۇن بولىدۇ ھەمدە بىۋاستە ئاشكارىلانمىغان مەلۇم نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى روماندا بىر مەركەز بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە قارىماققا قىلچە مۇھىم بولمىغان مەلۇم بىر تەپسىلاتنى تولىمۇ مۇھىم قارايمىز، روماندىكى ھەر بىر يۈزەكى ئىش- ۋەقەلەرنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ باشقىچە بىر خىل سىياقتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. روماندىكى بايانلار خىلمۇ خىل ئۆكۈنۈش، پۇشايمان، جاھىللىق ۋە ئەندىشە قوزغايدۇ. بۇ كىتابتىكى بىزنى ئۈچ ئۆلچەملىك ئالەمگە مەپتۇن قىلىدىغان ئۇ خىل خىياللار مەيلى بۇ مەركەز چىن ياكى فانتازىيەلىك بولسۇن، مەركەزدىكى مەۋجۇتلۇقتىن كەلگەن بولىدۇ.
روماننى تارىخىي ئېپوستىن، ئوتتۇرا ئەسىر رىۋايىتىدىن ياكى ئەنئەنىۋى تەۋەككۇلچى بايانلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك ـــ مەزكۇر مەركىزىي نۇقتىنەزەر. روماندىكى پېرسوناژلار تارىخىي ئېپوستىكى پېرسوناژلاردىن مۇرەككەپ ھەم كۆپ بولىدۇ. رومان كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ جىمى قاتلاملىرىغىچە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى مەلۇم جايدا بىر مەركەز بولغاچقا، رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا مۇشۇنداق ئۈمىدتە بولىدىغىنىمىز ئۈچۈن رومان ئاشۇنداق خاسلىق ۋە كۈچ- قۇدرەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. ئەگەر رومان بىزگە ئۆرپ- ئادەتلىك تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك تەپسىلات ۋە ئۇششاق خىياللىرىمىزنى، كۈندىلىك ئادەت ۋە پىششىق بىلىدىغان بۇيۇملارنى نامايان قىلىپ بەرسە بىز تولىمۇ ئىشتىياق ئىلىكىدە ئاخىرىغىچە ئوقۇيمىز. ئەمەلىيەتتە قاتتىق ھەيرانلىققا چۆمىمىز. چۈنكى بۇ نەرسىلەرنىڭ بىر چوڭقۇر مەنىنى، ئارقا كۆرۈنۈشتىكى مەلۇم بىر جايدىكى بىر مەقسەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئومۇمىي كۆرۈنۈشتىكى ھەر بىر ئالاھىدىلىك، ھەر بىر تال يوپۇرماق، ھەر بىر دەستە گۈل تولىمۇ قىزىقارلىق ۋە كىشىنى جەلپ قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە مەنە يوشۇرۇنغان.
رومان سىتىرىئولۇق ساختىلىق بولغاچقا ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالالايدۇ، ئەمەلىيەتتە جىمى ئىنسانلارنى ھاياجانغا سالالايدۇ. رومان يەككە ئادەمنىڭ ھېس- تۇيغۇلىرىنى، يەنى سەزگۈ ئورگانىزملىرىمىز ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىملەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئەڭ چوڭقۇر نەرسىلەرنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئاشۇ مەركەزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر بىلىم پارچىسىنى، بىۋاستە سېزىمنى، بىر يىپ ئۇچىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. تولىستوي بۇنى تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى دەپ ئاتىغان. بىز پەلسەپەنىڭ قىيىنلىقى ياكى دىننىڭ ئىجتىمائىي بېسىمىغا بەرداشلىق بەرمەي تۇرۇپمۇ دۇنيا ۋە تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ قىممەتلىك بىلىملەرگە ئېرىشەلەيمىز، شۇنداقلا بۇ نۇقتىنى ئۆز ھېس- تۇيغۇمىز، ئەقىل- ئىدراكىمىزغا تايىنىپ رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز. بۇنداق ئارزۇ بىر خىل ناھايىتى باراۋەر، دېموكراتىك ئۈمىدتىن ئىبارەتتۇر.
30 ياش چاغلىرىمدا ئۇيقۇنى تەرك ئەيلەپ، يېمەك- ئىچمەكنى ئۇنتۇغان ھالدا مۇشۇ خىل ئالاھىدە ئارزۇدا رومان ئوقۇيتتىم. كۈچلۈك تەلپۈنۈش ئىلىكىدە ئىستانبولدىكى ئۆيۈمدە ئولتۇراتتىم، ئوقۇغان رومانلىرىمنىڭ ھەر بىر بۆلىكى ماڭا ئالەملىك تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى. گويا بىرەر قامۇس ياكى مۇزېيدەك تۇرمۇشۇمنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بېيىتاتتى، ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىمغا ئوخشاش ئادەمگەرچىلىك تۇيغۇسىغا باي ئىدى، خىلمۇخىل تەشەببۇس، تەسەللىي ۋە ۋەدىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىدى. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمدا چۈش قوينىغا چۆمۈلگەندەك تۇيغۇدا بولاتتىم، دۇنيا بىلىملىرىگە ئېرىشىش، ئۆز- ئۆزۈمنى، روھىمنى يارىتىش ئۈچۈن جىمى ئىشلارنى ئۇنتۇيتتىم.
ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، روماننىڭ قىممىتى ئوقۇرمەننىڭ مەركەزنى ئىزدىشىدىكى كۈچ- قۇدرىتىنى ئۇرغۇتۇشتا ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، روماننىڭ قىممىتىنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمى مۇقەررەركى ئۇنىڭ ئوقۇرمەننىڭ ھېسسىي تۇرمۇشىنى ئۇرغۇتۇشتىكى كۈچ- قۇدرەتكە ئىگە بولغانلىقىدا ئىدى. رومان بىزنىڭ تۇرمۇش ھەققىدىكى ئاساسىي كۆز قاراشلىرىمىزغا جاۋاب بېرىشى، روماننى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەندە مانا مۇشۇنداق ئىستەك پەيدا قىلىشى كېرەك.
چۈنكى ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى يوشۇرۇن مەنە ياكى يوقالغان قىممەتنى ئىزدەش ۋە بايقاشقا ماس كېلىدۇ. پىروزا سەنئىتىنىڭ روھى ۋە شەكلىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ژانېر گېرمانىيەلىكلەر ئېيتقان «چوڭ بولۇۋاتقان رومان» (Bildungsroman) دۇر. بۇنداق روماندا ياش باش پېرسوناژنىڭ دۇنيانى تونۇش جەريانىدا قوبۇل قىلغان تەربىيە، چوڭ بولۇش، پىشىپ- يېتىلىش قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ. ياش ۋاقتىمدا ئەنە ئاشۇنداق رومانلار (فلوبىرنىڭ «تۇيغۇ تەربىيەسى»، توماس ماننىڭ «ئالۋاستى تېغى») نى ئوقۇپ ئۆزۈمنى چېنىقتۇرغان. ئەنە شۇنداق قىلىپ، ئاستا- ئاستا روماندا گەۋدىلەنگەن ئاساسىي بىلىملەرنى ـــ دۇنيانىڭ ھالىتى، تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى بىلىملەرنى كۆرۈپ يېتىشكە باشلىدىم. بۇنداق بىلىملەر يالغۇز روماننىڭ مەركىزىدىلا ئەمەس، يەنە روماننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ بەلكىم بىر مۇنەۋۋەر روماندىكى ھەر بىر جۈملىنىڭ قەلبىمىزدە چوڭقۇر ئەمما چىن تۇيغۇلارنى ئويغىتىپ، بىزگە مەۋجۇتلۇقنىڭ بۇ دۇنيادا نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا بىز يەنە بۇ خىل تۇيغۇنىڭ ئەسلى خاسلىقىنىمۇ بىلىمىز. مەن يەنە شۇنى چۈشىنىپ يېتىمەنكى، بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى سەپىرىمىز، بىزنىڭ شەھەرلەردە، كوچىلاردا، ئۆيلەردە، داچىلىرىمىزدا ۋە تەبىئەتتە ئۆتكۈزگەن تۇرمۇشىمىزنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغىنى باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى ھەم مەۋجۇت بولىدىغان، ھەم مەۋجۇت بولمايدىغان بىر خىل يوشۇرۇن مەنىنى ئىزدەشتۇر.
بۇ يۈرۈشلۈك لېكسىيەدە بىز روماننىڭ بۇنداق ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقالايدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەندۇق. خۇددى ئوقۇرمەن رومان ئوقۇۋاتقان چېغىدا مەركەزنى ئىزدىگىنىگە ياكى روماندا ئۆسۈپ- يېتىلىۋاتقان ياش، گكدەك باش پېرسوناژنىڭ قىزىقسىنىش، سەمىمىيلىك ۋە ئىشەنچ بىلەن تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزدىگىنىگە ئوخشاش، بىز روماننىڭ مەركىزىگە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە تىرىشىمىز. بىز ئۇنىڭ ئىچىدىكى كەڭ كەتكەن مەنزىرە- كۆرۈنۈشلەرنى كېزىپ، ئۆزىمىزنى يازغۇچىغا، روماندىكى توقۇلمىلارغا ۋە ساختا كۆز قاراشلارغا، پېرسوناژلارغا، بايان تەپسىلاتلىرىغا، ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە، نەرسىلەرگە، كۆزىتىشلەرگە، مۇزېيلارغا، بىز ئالدىن ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان جايلارغا ـــ ھەقىقىي پىر پارچە رومانغا يۈزلەندۈرىمىز.

ئورخان پامۇكنىڭ «ساددا ۋە ھەسرەتلىك يازغۇچى» ناملىق كىتاب (بۇ كىتاب مۇشۇ يىل گۈزەل- سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ) ىدىن تەرجىمە قىلىندى

]]> ?feed=rss2&p=12108 0