مەريەم – پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى http://www.pasahet.net Fri, 04 Nov 2016 04:54:31 +0000 ug-CN hourly 1 مىڭ پارلاق قۇياش 3-باب(خالىد ھۈسەينى) ?p=11375 ?p=11375#respond Sun, 09 Dec 2012 02:08:30 +0000 ?p=11375  

مەريەمنىڭ دەسلەپكى خاتىرىسىدە، غالتەكلىك ھارۋىنىڭ تاقراقشىغان ئاۋازى ساقلىنىپ قالغان ئىدى. غالتەكلىك ھارۋا ئۇن، ماي، گۈرۈچ، چاي، شېكەر، سوپۇن ۋە چىش پاستىسى قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى قاچىلاپ ئايدا بىر قېتىم كېلەتتى. ھارۋىنى ئىتتىرىپ كېلىدىغىنى مەريەمنىڭ دادا بىر ئانا باشقا ئىككى ئاكىسى مۇھسىن بىلەن رامىن ئىدى. بەزىدە لامىن بىلەن پەرھات كېلەتتى. توپىلىق تاغ يولىدا يىگىتلەر ھارۋىنى نۆۋەتلىشىپ ئىتتىرىشەتتى. تاش-شېغىل ۋە چاتقاللاردىن، ئويمان-كاتاڭلاردىن ھارۋىنى قاچۇرغىنىچە، تاغ يولى بىلەن كېسىشىپ ئاققان ئېقنىغا يېتىپ كېلەتتى. ئېقىندىن ئۆتۈش ئۈچۈن، ھارۋىدىكى ھەممە نەرسىنى چۈشۈرۈپ، ئېقىننىڭ ئۇ تەرىپىگە كۆتۈرۈپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. ئاندىن، ھارۋىنى قىرغاقنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئىتتىرىپ ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، نەرسە-كېرەكلەرنى ھارۋىغا قايتا باساتتى. بۇ چاغدا مەنزىلگە يەنە ئىككى يۈز مېتىرچە قالغان بولاتتى. بۇ ئىككى يۈز مېتىر دائىرە ئىچىدە قويۇق ئۆسۈپ كەتكەن ياۋا ئوت-چۆپلەرنى ۋە قويۇق چاتقاللارنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدىن پاقىلار سەكرەشكىنىچە ئۇلارغا يول بوشىتىشاتتى. يىگىتلەر تەرلەپ كەتكەن يۈزىگە يېپىشۋاتقان پاشىلارنى قورۇشۇپ، يولىنى داۋام قىلاتتى.

-جالالنىڭ ‍خىزمەتكارلىرى بار ئىدىغۇ، ئۇ شۇلارنى ئىشقا سالسا بولمامدۇ؟- مەريەم شۇنداق دەپ سورىدى.

-ئۇ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆز گۇناھىنى يۇماقچى.

قول ھارۋىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، مەريەم بىلەن نانا ئىككىسى سىرتقا چىقاتتى. مەريەم ئۇلار نەرسە كېرەك ئېلىپ كەلگەن چاغدىكى نانانىڭ ھالىتىنى ئەسلىيەلەيتتى: ئۇرۇق ۋە ئېگىز بۇ ئايال يالاڭياق پۇتىنى بۇسۇغىغا قويۇپ، قوللىرىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇراتتى، كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى بولمىغان كۆزلىرى يۇمۇلۇپ گازىردەك بولۇپ قالاتتى. مەسخىرە ئارىلاش قىياپەتتە ھومايغىنىچە ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ چېچىنى كېسىپ قىسقا قىلىۋەتكەن، بېشىدا ياغلىقى يوق ئىدى. چېچىغا تاغاقمۇ سالمىغان ئىدى. ئۆزىگە ھېچ ماس كەلمەيدىغان، تۈگمىسى گېلىغىچە كېلىدىغان كۆينەك كىيىۋالاتتى. يانچۇقىغا ياڭاق چوڭلۇقىدىكى تاشلارنى سېلىۋالاتتى.

يىگىتلەر ئېقىن بويىدا نانا ۋە مەريەملەرنىڭ نەرسە كېرەكلەرنى ئۆيگە ئەكىرىپ كېتىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۆيگە ئوتتۇز مېتىرچە ئارىلىقتا توختايتتى. نانا دائىم خاتا مۆلچەرلەپ، تاشلارنى ئۆيىدىن ئوتتۇز مېتىر كەلمەيدىغان دائىرە ئىچىگە تاشلاپ قوياتتى. نانا بىر تەرەپتىن نەرسە كېرەكلەرنى ئۆيىگە توشۇغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن يىگىتلەرنى تىللاشقا چۈشتى، نانانىڭ يىگىتلەرنى تىللىغاندىكى بەزى سۆزلىرىنى نانا چۈشىنەلمەيتتى. نانا چىرايلىرىنى ئۆچمەنلىك بىلەن پۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلار ئانىسىنى تىللىدى. يىگىتلەر ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرمىدى.

مەريەم بۇ يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا خىجىل ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنچىۋىلا ئېغىر نەرسىلەرنى ئىتتىرىپ كەلگۈچە، پۇت-قوللىرىنىڭ ئۈزۈلگۈدەك تېلىپ كەتكەنلىكىگە ئىچ ئاغىرتاتتى. مەريەم نانانىڭ يىگىتلەرگە ئۇسسۇزلۇق ئېچىقىپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. بىراق ئۇ بۇ ھەقتە ھېچ نېمە دېمىدى. يىگىتلەر ئۇنىڭغا«خوش»دەپ قول پۇلاڭلاتقان تەقدىردىمۇ، مەريەم ئۇلارغا قول پۇلاڭلىتالمايتتى. پىر قېتىم، نانانى خۇش قىلىش ئۈچۈن، مەريەم ھەتتا مۇھسىننىڭ ئاغزىنى كەسلەنچۈكنىڭ قوڭىغا ئوخشىتىپ  ھاقارەتلىگەن ئىدى. كېيىن ئۇ بۇنداق قىلغىنىغا پۇشايمان قىلدى، ئۇلارنىڭ مەريەمنىڭ ئۆزلىرىنى ھاقارەت قىلغىنىنى جېلىلغا دەپ قويۇشىدىن قورقۇپ يۈردى. بىراق، نانا ۇلارنىڭ ھاقارەتلىنىشىدىن خۇشال بولۇپ، قۇرۇت يەپ كەتكەن چىشلىرىنىڭ ھەممىسى كۆرۈنگۈدەك رەدىجىدە قاتتىق كۈلدى. مەريەم ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن، ئۇنى يەنە كېسىلى قوزغىلىپ قالارمۇ، دەپ ئەنسىرەپ كەتتى. نانا مەريەمنىڭ ئۇنى ھاقارەتلىگىنىدىن خۇشاللىنىپ «ياخشى قىزىم» دەپ ئۇنى ماختىدى.

ھارۋا قۇرۇقدالغاندىن كېيىن، يىگىتلەر ھاپىلا-شاپىلا ھارۋىنى ئىتتىرىپ، يولىغا راۋان بولدى. مەريەم ئېگىز ئۆسكەن ياۋا ئوت – چۆپ ۋە پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن ياۋا گۈللەرنىڭ ئارىسىدا ئۇلارنىڭ قارىسى كۆرۈنمەي قالغۇچە، يىگىتلەرنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇردى.

-قايتىپ كەلمەمسەن؟

-مانا ھازىر، نانا.

-ئۇلار سېنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشىۋاتىدۇ، راستلا، مەن ئاڭلىدىم.

-مانا كەلدىم.

-سەن ماڭا ئىشەنمەمسەن؟

-مەن بۇ يەردە.

-مېنىڭ سېنى ياىشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلىسەن، سۆيۈملۈك مەريەم.

ئۇلار ھەر ئەتىگىنى گۈلدامان كەنتىدىن كېلىپ بولۇق ئۆسكەن ئوتلاقلاردا قوي بېقىۋاتقان چوپانلار چالغان نەي ئاۋازىدىن ۋە قويلارنىڭ مەرەشلىرىدىن ئۇيقۇدىن ئويغىناتتى. مەريەم بىلەن نانا ئۆچكىنى سېغىپ، مېكىيانلارغا دان بەردى، تۇخۇملارنى يىغدى. بىرلىكتە بولكا پىشۇردى. نانانى مەريەمگە خېمىر يۇغۇرۇشنى، دوخۇپكىغا ئوت يېقىشنى ئۆگەتتى. ئۆرلىگەن خېمىرلارنى دوخۇپكىنىڭ ئىچ يۈزىگە چاپلىدى. ئۇنىڭغا گاڭپەن دۈملەش، چامغۇر پىشۇرۇش، پالەك ئادالاش، زەنجىۋىل سېلىنغان كوكۇس پالمىسىنى قورۇش دېگەندەك  تۆشۈك ئىشلىرىنى ئۆگەتتى.

نانا ئەزەلدىن ئەلچىلەردىن مەريەمنى يوشۇرمايتتى. مەيلى ئۆزى ئۆچ كۆرىدىغان كىشىلەر بولسىمۇ شۇنداق قىلاتتى. بىراق بەزىلەرگە ئۇنداق قىلمايتتى. مەريەم كۆرسىتىلومەيدىغانلاردىن بىرى گۈلداماننىڭ مۆتىۋىرى، كەنت باشلىقى ھەبىب خان ئىدى. بېشى كېچىك، ساقاللىق، باداڭ قورساق بۇ كىشى خىزمەتكارىنى ئەگەشتۈرۈپ بىرەر ئايدا بىر قېتىم كېلەتتى. ھەر كېىلىشىدە خىزمەتكارىنىڭ قولىدا مەريەمگە سوۋغاتلىق ئۈچۈن تەييارلانغان بىر توخۇ بولاتتى. بەزىدە ھېجىرغا ئۇسسۇلغان تاماق، ياكى كۆك رەڭدە بويالغان تۇخۇم بولاتتى.

ئەلچىلەردىن يەنە بىرى سېمىز موماي ئىدى. نانا ئۇ ئايالنى سۆيۈملۈك بىبى دەپ چاقىراتتى. بۇ موماينىڭ ئاخىرىقى ئېرى تاشچى بولۇپ، نانانىڭ دادىسىنىڭ دوستى ئىكەن. سۆيۈملۈك بىبى ھەر قېتىم كەلگىنىدە، ئاتە كېلىنىدىن بىرىنى ۋە بىر ئىككى نەۋرىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلەتتى. ئۇ ئىرغاڭشىپ، ھاسىراپ-ھۆمىدىگىنىچە يېتىپ كېلىپ، كاسسىسىغا كۈچەپ شاپىلاقلاپ قويدى-دە، چوڭقۇر ئۇھ تارتقىنىچە نانا ئۇنىڭغا ئەكىلىپ بەرگەن ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. سۆيۈملۈك بىبىمۇ مەريەمگە بىر بولاق  قەنت-گېزەك، بىر سېۋەت ئاپلېسىن دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالغاچ كەلگەن ئىدى. ئۇ سوۋغا سالاملارنى ناناغا بەرگەچ، باشتا ئۆز سالامەتلىكىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق بىر ھازا قاقشىدى. ئاندىن، ھىرات ۋە گۈلدامان كەنتلىرى توغرۇلۇق توختىماستىن غەيۋەت قىلدى،  كېلىنلىرى بولسا، ئۇنىڭ كەينىدە گەپ قىلماستىن، ئەدەب بىلەن، جىممىدە گەپكە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرۇشاتتى.

مەريەمنىڭ جېلىلدىن قالسا ياخشى كۆرىدىغان يەنە بىر كىشىسى موللا فەيزۇللا ئىدى. ئۇ ياشانغان كىشى بولۇپ، كەنتنىڭ ئىمامى ئىدى،«قۇرئان كەرىم» ئۆگىتەتتى. ئۇ ھەر ھەپتىسى گۈلدامان كەنتىدىن بىر-ئىككى قېتىم كېلىپ، مەريەمگە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش قائىدىلىرىنى ئۆگۈتەتتى. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ئۆگىتىپ، يادلاتقۇزاتتى.موللا فەيزۇللاھ نانا كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭغىمۇ ئۆگەتكەنىدى. موللا فەيزۇللاھ مەريەمگە ھەرپلەرنى ئۆگىتىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ھەرپلەرنى لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ، ئۈنسىز ئوقۇشىغا ھەمىشە دىققەت قىلىپ تۇراتتى، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ھەرپلەر ئاستىدا يۆتكىلىشىگە زەن سالاتتى. ئۇنىڭ بارمىقىنى ھەرپلەرگە ئۇدللاپ قاتتىق بېسىش ئارقىلىق ئاشۇ ھەرپلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمەكچى بولۇۋاتقاندەك، قېنى قېچىپ ئاقىرىپ كېتىۋاتقان تىرناقلىرىغا قاراپ تۇراتتى. موللا فەيزۇللاھ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ، قېرىنداش بىلەن ئەرەب ھەرىپلىرىدىن ئەلف ئۈستىگە زىرنى، بەئ كە زىۋەرنى ۋە تەئ نىڭ ئۈستىگە چېكىت قويۇشنى ئۆگەتتى.

موللا فەيزۇللاھ چىرايى تاتىراڭغۇ دۈمچەك بوۋاي بولۇپ، ھەمىشە چىشلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئېغىزىنى ئېچىپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، ئاپپاق ساقىلى كىندىكىگە چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇ ئادەتتە كۆلبىگە ئۆزى يالغۇز كېلەتتى. بەزىدە سرىق چاچلىق ئۇغلى ھەمزىمۇ بىللە كېلەتتى. ھەمزە مەريەمدىن بىر نەچچە ياش چوڭ ئىدى. موللا فەيزۇللاھ كۆلبىگە كەلگىنىدە مەريەم ئۇنىڭ قولىغا سۆيەتتى، مەريەمگە نىسبەتەن ئۇنىڭ قولىغا سۆيگەندىكى سېزىم بەئەينى قېلىن قوۋزاقلىق دەرەخ شېخىغا سۆيگەندەك ئىدى. ئۇمۇ مەريەمنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپ، كۆلبىگە كىرىپ، بىر كۈنلۈك دەرسنى باشلىدى. دەرس تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ ئىككەيلەن كۆلبىدىن چىقىپ، قارىغاي ئۇرۇقى يەپ، كۆك چاي ئىچىشتى. بۇلبۇلنىڭ بىر دەرەختىن يەنە بىر دەرەخكە ئۇچۇشىنى تاماشا قىلىشتى. بەزى چاغدا ئۇلار ئېقىننى بويلاپ، مىس رەڭلىك غازاڭلارغا دەسسىگىنىچە تاغ چوققىسى تەرەپكە قاراپ سەيلە قىلاتتى. ئۇلار سەيلە قىلغان چاغلىرىدا موللا فەيزۇللاھ تەسىۋىسىنى سىيرىغاچ، مەريەمگە ياشلىقىدىكى كۆرگەن بىلگەنلىرى توغرلۇق سۆزلەپ بېرەتتى. ئىراندا كۆرگەن كۆزەينەكلىك يىلان، ئىسفاھاندىكى ئوتتۇز ئۈچ تىرەكلىك ئەگمە كۆۋرۈك ئۈستىدە كۆرگەنلىرى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەردى. بىر قېتىم، مازاردىكى كۆك مەسجىدنىڭ يېنىدا بىر تاۋۇزنى پىچقاندا، تاۋۇزنىڭ بىر يۈزىدە تاۋۇز ئۇرۇقلىرىنىڭ تىزىلىشىدىن ھاسىل بولغان «ئاللاھ» دېگەن خەتنى كۆرگەنلىكىنى، يەنە بىر يۈزىدە «ئۇلۇغ» دېگەن خەتنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

فەيزۇللاھ موللا مەريەمگە ئۆزىنىڭمۇ دائىم قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ بولالمايدىغانلىقنى، بىراق ئۇ ئەرەب ھەرىپلىرىنىڭ تىل ئۈستىدىن سىيرىلىپ چىققاندىكى يېقىملىق تاۋۇشلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى،  قۇرئان تاۋۇشلاردىن دىلى بىئارام بولۇپ، كۆڭلى ئارام تاپىدىغانلىقىنى ئاقكۆڭۈللۈك سۆزلەپ بەردى.

-ئايەتلەر سىزنىڭ دىلىڭىزنىمۇ ئارام تاپقۇزىدۇ، سۆيۈملۈك مەريەم. زۆرۈرىيەت تېپىلغاندا بىلىدىغان سۈرىلىرىڭىزنى زىكىر قىلسىڭىز، كۆڭلىڭىز بەكلا راھەتلىنىپ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئەگەشسىڭىز ھەرگىز پۇشايمان قىلمايسىز، قىزىم.

فەيزۇللاھ موللا مەريەمگە ھېكايە سۆزلەپ بېرەتتى. مەريەممۇ كۆرگەن بىلگەنلىرىنى فەيزۇللاھ موللىغا دەپ بېرەتتى. مەريەم سۆزلەۋاتقاندا، فەيزۇللاھ موللا مەريەمنىڭ سۆزىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلايتتى. مەريەم سۆزلەۋاتقاندا فەيزۇللاھ موللا بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ، چىرايىغا كۈلكە يۈگەرتىپ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ھوقۇققا ئىگە ئادەمدەك مىننەتدارلىق بىلەن مەريەمگە قارايتتى. مەريەم ھەردائىم ناھايتى ئازادە كەيپىياتتا ناناغا دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان گەپلەرنى فەيزۇللاھ موللىغا دەيتتى.

بىر كۈنى ئۇلار سەيلە قىلىۋاتقان چاغدا، مەريەم ئۇنىڭدىن مەكتەپتە ئوقۇشقا ئىجازەت سورىدى.

-مەن رەسمىي مەكتەپنى دەۋاتىمەن ئاخۇن بېگىم. تاغامنىڭ باشقا بالىلىرىغا ئوخشاش سىنىپتا دەرس ئاڭلىغۇم بار.

فەيزۇللا موللا سۈكۈتكە چۆمدى.

ئالدىنقى ھەپتە قەدىرلىك بىبىدىن خەۋەر كەلدى، خەۋەردە زەلىلىنىڭ قىزى سەئىدىيە بىلەن ناھىد ھىراتتىكى مىھرى قىزلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى دىيىلگەن ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەريەمنىڭ كاللىسىنى سىنىپ ۋە مۇئەللىملەر ھەققىدىكى ئوي- خىياللار چۇلغىۋالدى، ئولتۇرسا- قوپسا سىزىقلىق خاتىرە دەپتەرلەردىكى قۇر- قۇر سان- سىفېرلار، توم ھەم قاپقارا خەت چىقىدىغان قەلەملەر خىيالىغا كىرىۋالاتتى. ئۆزىنى ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى قىزلار بىلەن سىنىپتا بىللە ئولتۇرغاندەك تۇيغۇدا بولاتتى. سىزغۇچنى قەغەز ئۈستىگە قۇيۇپ قارىماققا ناھايتتى مۇھىم تۇيۇلىدىغان سىزىقلارنى سىزىشنى ئارزۇ قىلاتتى.

-راست شۇنداق قىلغۇڭ بارمۇ؟- دېدى فەيزۇللا موللا ئۇنىڭغا غۇۋالاشقان كۆزلىرى بىلەن مىھىرلىك قاراپ، ئۇ قوللىرىنى كەينىگە تۇتىۋالغان ئىدى، بېشىدىكى رومىلىنىڭ شولىسى باغجانلاپ ئۆسكەن چۈجگۈن ئوتنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ تۇراتتى.

-ھەئە.

-ئۇنداقتا سەن ئانامنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمىساڭ بولمايدۇ.

مەريەم كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن زەلىلىدىن باشقا دۇنيادا ھېچكىممۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئوقۇتقۇچىسىدىنمۇ بەكرەك چۈشەنمەيتتى.

-سەن كەتسەڭ مەن قانداقمۇ قىلارمەن؟ قادىر ئاللاھ بىزگە خىلمۇخىل كەمچىلىكلەرنى ئاتا قىلىپتۇ، لېكىن ئەڭ چوڭ كەمچىلىكىم- سېنىڭ ئىلتىماسىڭنى رەت قىلىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ قەدىرلىك مەريەم،-دېدى ئۇ يىرىك بارماقلىرىنى قىزنىڭ مەڭزىگە يىنىككىنە تەككۈزۈپ قۇيۇپ.

ئارقىدىن ئۇ نانانى تىلغا ئىلىۋىدى، مەريەم سۇڭپىياز توغراۋاتقان قىڭراقنى تاراققىدە قۇيۇپ قويدى.

مەكتەپتە ئوقۇپ نىمىمۇ قىلارسەن؟

-ئوقۇيمەن دېسە ئوقۇسۇن قەدىرلىكىم. بۇ قىزمۇ ئازراق تەربىيە ئىلىۋالسۇن.

-ئوقۇسۇن؟ نېمىنى ئوقۇيدۇ موللا بىگىم؟- دېدى نانا زەردە بىلەن،- ئۇيەردە ئوقۇغىدەك نېمە بار؟- ئۇ ئۆچمەنلىك نەزىرىدە مەريەمگە قارىدى.

مەريەم بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تىرناق تاتىلاپ تۇرۇپ قالدى.

-سەندەك بىر قىز بالىنىڭ ئوقۇغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ سېنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيمەن دىگىنىڭ تۈكۈرۈك قاچىسىنى سۈرتكەندەكلا بىر ئىشقۇ. سەن ئۇنداق مەكتەپلەردە ھېچنىمە ئۆگىنەلمەيسەن. ئىككىمىزگە ئوخشاش بۇنداق ئاياللار ئۆمرىمىزدە ئازراق ماھارەت ئۆگىنىۋالساقلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. مەكتەپتىن بۇنداق ماھارەتنى ئۆگىنەلمەيسەن. بېشىڭنى كۆتۈرگىنە.

-ئۇنداق گەپ قىلما بالام،- دېدى فەيزۇللا موللا.

-ۋاي بېشىڭنى كۆتۈرگىنە.

مەريەم ئاستاغىنە بېشىنى كۆتۈردى.

-سەن، بىزگە پەقەت بىرلا ماھارەت بولسىلا بولدى. ئۇ بولسىمۇ سەۋرچان بۇلۇش.

-نېمىگە سەۋرچان بۇلىمەن نانا؟

-ھەي، ماۋۇ كاللاڭنى بىر ئىشلەتسەڭچۇ،- دېدى نانا،- سەن بەرداشلىق بېرىدىغان نەرسىلەر بەك تولا.

نانا شۇ گەپكە ئۇلاپ يەنە زەلىلىنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۇنى كۆرۈمسىز، زاتى پەس تاشچىنىڭ قىزى دەپ ياراتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنى قەھىرتان سوغۇقتا قاردا يۈزلىرى سوغۇقتا سېزىملىرىنى يوقۇتۇپ، قوللىرى يېرىلىپ كەتكۈچە قانداق كىر يۇغۇزغانلىقى ھەققىدە سۆزلىدى.

-مەريەم، پىشانىمىزگە پۈتۈلگىنى شۇ. بىزگە ئوخشاش ئاياللار ھەممىگە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. بىزگە شۇنىڭدىن باشقا ئىلاج يوق. چۈشەندىڭمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەن مەكتەپكە بارساڭ، ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىسەن. چوقۇم شۇنداق بۇلىدۇ. ئۇلار سېنى ھارىمىي دەپ تىللايدۇ، ئەڭ زەخەرخەندە گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەيدۇ. مەن بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە قاراپ تۇرالمايمەن.

مەريەم بېشىنى لىڭشىتتى.

-مەكتەپ- پەكتەپ دىگەن گەپلەرنى ئەمدى ئاغزىڭغا ئالغۇچى بولما. سەن مېنىڭ بارلىقىم. مەن سېنى ئۇلارغا تاشلاپ بەرمەيمەن. ماڭا قارا، مەكتەپ دىگەننى ئەمدى ئىككىنچىلەپ تىلغا ئالما.

-ئۇنداق نادانلىق قىلما. ساڭا دىسەم، ئەگەر بۇ قىز راستىنلا……..- فەيزۇللا موللا ئېغىز ئاچتى.

-سىز، ئاخۇن بېگىم، شۇنچە ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى بولغاندىكىن ئۇنىڭ بۇنداق ئەخمىقانە خىياللاردا بۇلىشىغا ئىلھام بەرمەسلىكىڭىز كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇنىڭغا راستلا كۆيۈنسىڭىز ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى، ئۆيدە ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇڭ. ئۇ تالا-تۈزدە يۈرسە قەتئىي بولمايدۇ. ئۇ ھەدېسىلا تالادىكى كىشىلەرنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچىراپ بېشىغا ئاغرىق تاپىدۇ. بۇلارنى مەن ئوبدان بىلىمەن ئاخۇن بېگىم.

 

]]>
?feed=rss2&p=11375 0