پوۋېست- ھېكايە – پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى http://www.pasahet.net Fri, 04 Nov 2016 04:54:31 +0000 ug-CN hourly 1 ساترىك ھېكايە: بەك قىممەت ئىكەن (تولستوي) ?p=12047 ?p=12047#respond Fri, 25 Apr 2014 11:18:17 +0000 ?p=12047 بەك قىممەت ئىكەن

لېف تولىستوي (رۇسىيە)

قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

 «دۇنيا ئەدەبىياتى ژۇرنىلى» 2014- يىللىق 2- ساندىن ئېلىندى

ئوتتۇرا دېڭىز ساھىلىغا ـــ فرانسىيە بىلەن ئىتالىيە چېگرىسىغا جايلاشقان بۇ كىچىك پادىشاھلىقنىڭ ئىسمى موناكا. ئاشۇرۇپراق ئېيتقاندا، ئۇچرىغانلىكى بىر كىچىك يېزىنىڭ نوپۇسى موناكا پادىشاھلىقىنىڭ ئومومىي نوپۇسىدىن كۆپ. بۇ پادىشاھلىقنىڭ باردا- يوق يەتتە مىڭلا ئاھالىسى بار. ئەگەر ئۇنىڭ زېمىنى پۇقرالىرىغا تەقسىملەپ بېرىلسە، كىشى بېشىغا بىر ئېنگىلىس مو زېمىنمۇ توغرا كەلمەيدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ ئوق بېشى دۆلىتىنىڭ رەسمىي يوسۇندىكى پادىشاھى بار. پادىشاھنىڭ ئوردىسى، ۋەزىرلىرى، ئېپىسكوپى، قوماندانى ۋە ئارمىيىسى بار.

بۇ پادىشاھلىقنىڭ دۆلەت ئارمىيسى ئارانلا ئاتمىش ئەسكەردىن تەركىب تاپقان. قانداقلا بولمىسۇن، بۇمۇ بىر ئارمىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىچىك پادىشاھلىقمۇ باشقا جايلارغا ئوخشاش تاماكا بېجى، ھاراق بېجى، نوپۇس بېشى دېگەندەك باجلارنى يىغىدۇ. گەرچە بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىمۇ باشقا دۆلەتلەرنىكىگە ئوخشاش ئىچىپ- چېكىدىغان بولسىمۇ، ئادەم سانى بەك ئاز بولغانلىقتىن، پادىشاھ ئالاھىدە بىر كىرىم مەنبەسىگە ئىگە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىنىڭ ئىككى توك- توك پۇقراسىدىن يىغىلغان باج پۇلىغا تايىنىپ ئۆزىنى ۋە قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارنى باقالىشى مۇمكىن ئەمەس. پادىشاھقا كىرىدىغان ئالاھىدە كىرىم دەل بىر ئايلانما تەخسىلىك قىمارخانىدىن كېلىدۇ. بۇ يەردە قىمار ئوينىغان كىشىلەر مەيلى ئۇتسۇن ياكى ئۇتتۇرسۇن، قىمارخانا خوجايىنى ئوخشاشلا چوتۇغا ئېرىشىدۇ. ئۆزىگە تېگىشلىك پايدىنى ئايرىۋېلىپ، پادىشاھقا زور تۈركۈمدە ھەق تاپشۇرىدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھقا ئۇنچىۋالا كۆپ ھەق تاپشۇرىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ قىمارخانا پۈتۈن ياۋروپا بويىچە تەۋەررۈك ھېسابلىنىدىغان بىردىنبىر قىمارخانا. گېرمان پادىشاھلىقلىرىدىن بەزىلىرى بۇ خىلدىكىدەك قىمارخانىنى ئېچىپ باققان، ئەمما قىمارخانىلاردىن كېلىدىغان زىيان بەك ئېغىر بولغانلىقتىن، نەچچە يىللار ئىلگىرى ھەممىسى تاقىۋېتىلگەن. قىمار ئوينىغان براۋنىڭ دەسلىپىدە تەلىيى ئوڭدىن كېلىدۇ، ئارقىدىن ھەممە نەرسىنى قىمارغا تىكىدۇ- دە، باردا يوقىنى ئۇتتۇرۇپ قاقسەنەم بولىدۇ. ئاخىرىدا قەرز سوراپ بولسىمۇ قىمار ئوينايدۇ، ئەگەر يەنە ئۇتتۇرىۋەتسە، ئۇ ھالدا پۈتكۈل ئارزۇ- ئارمانلىرى بەربات بولۇپ دەياغا سەكرەپ ياكى ئۆزىنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، گېرمانىيە پۇقرالىرى ئۆز پادىشاھلىرىنىڭ بۇ خىل يول بىلەن دۇنيا توپلىشىغا يول قويمىدى. بىراق، موناكا پادىشاھىنىڭ بۇ قىلمىشىنى توسۇدىغانغا ھېچكىم بولمىغىنى ئۈچۈن، موناكا پادىھشاھى تېخىچە بۇ ساھەنى مونوپول قىلىپ تۇرماقتا.

ھازىر كىم قىمار ئوينىغۇسى كەلسە، ئۇدۇل مونوكاغا كېلىدۇ. مەيلى ئۇتسۇن ياكى ئۇتتۇرسۇن، پادىشاھنىڭ يانچۇقىغا پۇل كىرىۋېرىدۇ. «سامان ئارىلاشمىغۇچە لاي بولماس، ھارام ئارىلاشمىغۇچە باي بولماس» دېگەندەك، مونوكا پادىشاھى قىلىۋاتقىنىنىڭ دۇرۇس سودا ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. بىراق ئۇنىڭغا نېمە ئامال؟ ئۇنىڭغىمۇ تۇرمۇش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھاراقـــتاماكا ئارقىلىق پۇل تېپىشنىڭمۇ دۇرۇس يول بولۇشى ناتايىن. ئۇ ئاشۇ كىرىم ئارقىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىدۇ، يېنىنى توملايدۇ. قىمارخانىدىن تاپقان پۇل بىلەن، رەسمىي يوسۇندىكى پادىشاھلارغا ئوخشاش كۈتىۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزىدۇ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ.

ئۆزى ئۈچۈن تاج كىيىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. ئەمەلدارلىرىنى مۇپاكاتلاپ، گۇناھكارلارنى جازالايدۇ، پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. دۆلەت ئىشلىرى يىغىنى چاقىرىدۇ. قانۇن تۈزىدۇ ۋە سوت مەھكىمىلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. يۇقارقىلار باشقا دۆلەت پادىشاھلىرى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، بىراق كۆلىمى بەكلا كىچىك.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ ئۆق بېشى دۆلىتىدە بىر قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى سادىر بولدى. بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى سىڭگەن نېىنى يەپ ياشايدىغانلاردىن بولۇپ، ئۆتمۈشتە بۇنداق دېلو پەقەتلا يۈز بېرىپ باقمىغان ئىدى. سوتچىلار داغدۇغىلىق يىغىن چاقىرىپ، بۇ دېلونى ئەڭ ئادىل ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلماقچى بولدى. سوتچى، مۇپەتتىش، زاستاتىللار ئۆمىكى ۋە ئاقىلغۇچى ئادۇۋكاتلارنىڭ ھەممىسى يىغىنغا ھازىر بولدى. دېلونى قانداق ھەل قىلىش توغرلۇق مۇزاكىرىلەشتى. ئاخىرىدا، قانۇنىي مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق، جىنايەتچىنىڭ كاللىسىنى ئېلىش ماقۇللاندى. بۇ ھۆكۈم ماقۇللانغۇچە ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولدى. ئاندىن، ئۇلار بۇ قارارنى پادىشاھقا سۇندى. پادىشاھ ئۇلارنىڭ قارارىغا قاراپ چىقىپ «بۇ جىنايەتچىگە جازا بېرىشكە توغرا كەلسە، ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك» دەپ تەستىق سالدى.

ئەمدىلىكتە بىر مەسىلە ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئاقساتتى: ئۇلاردا كاللا كېسىدىغان جادۇمۇ، جازا ئىجرا قىلىدىغان جاللاتمۇ يوق ئىدى. ۋەزىرلەر بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىپ، فىرانسىيە ھۆكمىتىگە بىر جادۇ ۋە بۇ جادۇنى ياخشى ئىشلىتىپ، جىنايەتچىنىڭ كاللىسىنى كېسەلەيدىغان جاللات ئۆتنە بېرىپ تۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بار يوقلۇقى، ئەگەر بۇنداق مۇمكىنچىلىك بار بولسا، ئۇ ھالدا قانچىلىق ھەق ئالىدىغانلىقى توغرلۇق مەكتۈپ يازدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن جاۋاب خەت كەلدى. خەتتە جادۇ ۋە ئۇستىكارنىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن ئون ئالتە مىڭ فرانك ئالىدىغانلىقى دېيىلگەن ئىدى. پادىشاھ جاۋاب خەتنى كۆرۈپ قايتا- قايتا ئويلاندى. پاھ، بىر مىڭ ئالتە يۈز فرانك.

ـــ ئۇ بىچارە ئەبلەخ بۇنچىلىك پۇلغا ئەرزىمدۇ؟ـــ دېدى پادىشاھ،ـــ ئەرزانراق بولسا بولماسمىدى؟ ھەي، ئون ئالتە مىڭ فرانك، پۈتۈن خەلقنىڭ ھەر بىرىدىن ئىككى فرانكتىن يىغساقمۇ يەتمەيدۇ. خەلق بۇنى كۆتۈرەلمەيدۇ، ئۇنداق قىلدىغان بولساق، چوڭ قالايمىقانچىلىق چىقىشى تۇرغانلا گەپ!

شۇنداق قىلىپ، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرلۇق يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى يىغىنى چاقىرىشقا توغرا كەلدى. يىغىندا ئىتالىيە پادىشاھىغا فرانسىيە پادىشاھىغا يازغاندىكىدەك مەكتۇپ يېزىش قارار قىلىندى. فرانسىيە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ، بۇ دۆلەتتە پادىشاھنىڭ ھۆرمىتى دىگەندەك ئەمەس ئىدى. ئىتالىيە پادىشاھى بولسا موناكو پادىشاھىغا ئوخشاش ئىدى. ئۇنىڭغا خىزمەت ئىشلەپ بولسىمۇ، بۇ ئىشقا كېتىدىغان چىقىمنى سەل ئازلىتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، مەكتۇپ ئەۋەتىلدى. جاۋابقىمۇ تېز ئېرىشتى.

ئىتالىيە ھۆكمىتى خەتتە ئۆزلىرىنىڭ موناكو پادىشاھلىقىنى جادۇ ۋە ئۇستىكارنى خۇشاللىق بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقى، يول خىراجىتىنى قوشقاندا، جەمئىي ئون ئىككى مىڭ فرانك كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ باھا فرانسىيە ھۆكمىتى قويغان باھادىن ئەرزانراق بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەك قىممەت ھېسابلىناتتى. ھېلىقى مۇتتەھەم ھەرگىزمۇ بۇنچىلىك پۇلغا ئەرزىمەيتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ پۇلنى تۆلەش ئۈچۈن، ھەربىر پۇقرادىن ئىككى فرانكقا يېقىن پۇل ئېلىشقا توغرا كېلەتتى. شۇنىڭ بىلەن، يەنە بىر قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى يىغىنى ئېچىلدى. ئۇلار قانداق قىلغاندا چىقىمنى تېخىمۇ تېجىگىلى بولىدىغانلىقى توغرلۇق كۆپ مۇزاكىرىلەشتى. ئارمىيەدىن بىرەر ئەسكەر چىقىرىپ، ھۆكۈمنى شۇ ئەسكەر ئارقىلىق ئىجرا قىلىپ ئىشنى ھەل قىلىشمۇ ئويلىشىلدى. گېنرال چاقىرتىپ كېلىندى. ئۇنىڭغا:

ـــ سىز ئەسكەرلىرىڭىزدىن بىرنى چىقىرىپ، ئۇ جىنايەتچىنىڭ كاللىسىنى كەسكۈزەلمەمسىز؟ ئەسكەرلەر جەڭ مەيدانىدا ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئۇستىغۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار دەل ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تەربىيىلەنگەن ئەمەسمۇ؟ـــ دېيىلدى. گېنرال بۇ ئىشنى ئەسكەرلىرىگە ئېيتىپ، كىمنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشقا مەيلى بارلىقىنى سورىدى. بىراق، ئەسكەرلەردىن ھېچكىم بۇ ئىشنى قىلىشنى خالىمىدى.

ـــ بولمايدۇ، قانداق ئۆلتۈرۈشنى بىلمەيمىز، بىز ئۇنداق ئىشنى قىلىشنى ئۆگىنىپ باقمىغان،ـــ دېيىشتى ئەسكەرلەر.

قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋەزىرلەر كۆپ ئويلىدى. ئۇلار بۇ ئىش ئۈچۈن مەخسۇس ئورگان قۇردى. ئورگاننىڭ قول ئاستىدا كومېتىت، كومېتېتنىڭ ئاستىدا تارماق كومېتىت قۇرۇلدى. ئۇلار ئەڭ ئاخىرى جىنايەتچىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. بۇنداق قىلغاندا، پادىشاھنىڭ كەڭ قورساقلىقىنى ئىپادىلىگىلىمۇ، چىقىمنى تېجىگىلىمۇ بولاتتى.

پادىشاھ بۇ چارىگە ماقۇللىقىنى بىلدۈردى، شۇنداق قىلىپ، ئىش شۇ بويىچە بولىدىغان بولدى. ئەمدىلىكتە، باشنى قاتۇرىدىغان يەنە بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقتى: ئۇلارنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن مەھبۇسلارنى سولايدىغان تۈرمىسى يوق ئىدى. ئۇلاردا بار بولغىنى پەقەت تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغانلارنى قامايدىغان تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ئىدى. ئۇلاردا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان، قۇرۇلۇشلىرى مۇستەھكەم تۈرمە يوق ئىدى. بىراق ئۇلار جىنايەتچىنى سولايدىغانغا ئاخىرى جاي تاپتى. جىنايەتچىنى شۇ جايغا سولاپ، ئۇنىڭغا قاراۋۇلدىن بىرنى مەسئۇل قىلدى. قاراۋۇل جىنايەتچىگە كۆز قۇلاق بولۇش بىلەن بىرگە، ئاشخانىدىن ئۇنىڭغا تاماق ئەكىلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى.

جىنايەتچى ئۇ يەردە ئاينى ئايغا ئۇلاپ ئاخىرى بىر يىلنى ئۆتكۈزدى. بىر يىلدىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈنى، پادىشاھ دۆلەتنىڭ كىرىم چىقىم ھېساباتىنى كۆزدىن كەچۈرىۋېتىپ، يېڭى بىر تۈرلۈك چىقىمنى ئۇچراتتى. بۇ دەل ھېلىقى جىنايەتچىنى بېقىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان چىقىم ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوممىسىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. جىنايەتچىگە قارايدىغان مەخسۇس قاراۋۇل ۋە جىنايەتچىنىڭ تامىقى ئۈچۈن بىر يىلدا ئالتە يۈز فرانك چىقىم بولغان ئىدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى، جىنايەتچى كۈچـــقۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش ئىدى، قارىماققا، يەنە ئەللىك يىل ئۆمۈر كۆرىدىغاندەك تۇراتتى. مۇشۇنداق ھېسابلايدىغان بولسا، ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ بارلىق ۋەزىرلىرىنى چاقىرتىپ مۇنداق دېدى:

ـــ سىلەر نېمىلا قىلىپ بولمىسۇن، چىقىمنى تېجەيدىغان ئامالدىن بىرنى تېپىپ بۇ لۈكچەكنى بىر تەرەپ قىلساڭلار بولاتتى. ھازىرقى بۇ ئۇسۇلدا پۇل بەك ئىسراپ بولىدىكەن،ـــ دېدى. ۋەزىرلەر يەنە يىغىن چاقىردى. ئۇلار كۆپ مۇزاكىرە قىلىشتى. ئاخىرىدا، ۋەزىرلەردىن بىرى:

ـــ كۆپچىلىك، بىز ئۇ قاراۋۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتەيلى،ـــ دېدى. يەنە بىر ۋەزىر بۇ گەپكە قارشى تۇرۇپ:

ـــ ئۇنداق قىلىدىغان بولساق، ئۇ جىنايەتچى قېچىپ كېتىدۇ،ـــ دېدى. باشتىكى ۋەزىر:

ـــ ئۇ ئۆلگۈر ئەبلەخنى قاچۇرىۋەتسەك بولىدىغۇـــ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار قارارنىڭ نەتىجىسىنى پادىشاھقا دوكلات قىلدى. پادىشاھ بۇ قارارغا قوشۇلدى. قاراۋۇل ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ۋەزىرلەر ئەمدىكى ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى. نەتىجىدە ئۇلار شۇنى بايقىدى: تاماق ۋاقتى كەلگەندە، جىنايەتچى ئىشىكتىن چىقىپ قاراپ باقتى، قاراۋۇل يوق ئىدى. ئۇ ئاشخانىغا ئۆزى كىرىپ تاماق ئۇسسىدى. تاماقنى كۆتۈرۈپ كامېرغا قايتىپ كىرىپ، قايتا سىرتقا چىقمىدى. ئىككىنچى كۈنىمۇ شۇنداق قىلدى. ئۇ تاماق ۋاقتى كەلگەندىلا چىقىپ تاماق ئەكىرەتتى. ئۇنىڭدا قېچىپ كېتىشتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋەزىرلەر يەنە بىر قېتىم كاللا قاتۇرۇشتى. ئۇلار:

ـــ گەپنى ئۇنىڭغا ئوچۇق ئېيتىپ، ئەمدى ئۇ قانداق قىلسا كارىمىز يوقلىقىنى بىلدۈرەيلى،ـــ دېيىشتى.شۇنىڭ بىلەن تەپتىش ۋەزىرى ئادەم ئەۋەتىپ جىنايەتچىنى ئېلىپ كەلگۈزدى.

ـــ سەن نېمىشقا قېچىپ كەتمەيسەن؟ـــ دەپ سورىدى ۋەزىر،ـــھېچكىم سېنى بېقىپ يۈرمەيدۇ. نەگە كەتكۈڭ كەلسە، شۇ يەرگە كەتسەڭ بولىدۇ، پادىشاھ ئالىيلىرى بۇنىڭغا باشقىچە پىكىردە بولمايدۇ.

ـــ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ باشقىچە پىكىردە بولمايدىغانلىقىغا ئىشنىمەن،ـــ دېدى جىنايەتچى،ـــ بىراق مەن نەگىمۇ بارالايتتىم. سىلەر مېنى نېمە قىلسۇن دەيسىلەر؟ ماڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، نامىمنى بۇلغۇدىڭلار. ئەمدى مېنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ. يەنە تېخى،ئەمدى ماڭا قىلاي دېسەم ئىش چىقمايدۇ. ماڭا قىلغان بۇ مۇئامىلەڭلار ئادىل بولمىدى. باشتا ماڭا ئۆلۈم جازاسى بەرگەندىكىن، ھۆكۈمىڭلارنى ئىجرا قىلساڭلار بولاتتى. بىراق بۇنداق قىلمىدىڭلار. بۇ بىرىنچى ئىش. بۇنداق قىلغىنىڭلارغا نارازى بولمىدىم. ئارقىدىن، ماڭا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردىڭلار، يەنە تېخى مەخسۇس بىر قاراۋۇلنى تامىقىمغا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىدىڭلار. بىراق بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئۇ قاراۋۇل توختىتىۋېتىلدى. ئاندىن ئۆزۈم بېرىپ تاماق ئەكەلدىم. بۇ ئىشلارغىمۇ ئاغرىنىشىم يوق. بىراق ھازىرچۇ، سىلەر مېنى بىراقلا قوغلىماقچى بولۇۋاتىسىلەر! مەن ھەرگىز بۇنداق قىلالمايمەن. نېمىنى خالىساڭلار شۇنى قىلىڭلار، ئىشقىلىپ مەن كەتمەيمەن!

ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ ۋەزىرلەر يەنە يىغىن چاقىردى. ئۇلار ئەمدى قانداق ئامال تېپىپ چىقىشى كېرەك؟ جىنايەتچى كېتىشنى خالىمىدى. ۋەزىرلەر ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى ئۇنىڭغا كۈتۈنۈش ھەققى بېرىشنىڭ بىردىنبىر ئامالللىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇلار بۇنى پادىشاھقا مەلۇم قىلدى.

ـــ پەقەت ئامال قالمىدى،قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، ئۇنى كەتكۈزىۋەتمىسەك بولمايدۇ،ـــ دېيىشتى ئۇلار. كۈتۈنۈش پۇلى يىلىغا ئالتە فرانك قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ قارار جىنايەتچىگە ئۇقتۇرۇلدى.

ـــ بوپتۇ، ئىشقىلىپ پۇلنى ۋاجتىدا يەتكۈزۈپ بەرسەڭلارلا، مېنىڭ باشقىچە پىكىرىم يوق، شۇنداق قىلالىساڭلار، كەتسەم كېتەي،ـــ دېدى جىنايەتچى.

ئىش شۇنداق پۈتۈشۈلدى. جىنايەتچى ئۆزىگە ئالدىنئالا بېرىلگەن يىللىق كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئېلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ چېگرىسىدىن ئايرىلدى. چېگرىدىن چىقىشقا پويىزدا ئولتۇرسا پەقەتلا ئون بەش مىنۇت كېتەتتى. ئۇ چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ، چېگراغا يېقىن يەرگە ئورۇنلاشتى. شۇ يەردىن بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ، كۆكتات تېرىش ئارقىلىق جېنىنى قامداشقا كىرىشتى. خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ ھەر قېتىم كۈتۈنۈش ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا موناكوغا يېتىپ كېلەتتى. پۇلنى ئېلىپلا قىمارخانىغا بېرىپ ئىككى ئۈچ فرانكلىق دەسمىي سېلىپ قىمار ئوينايتتى. بەزىدە ئۇتۇپ، بەزىدە ئۇتتۇرۇپ، ئۆيىگە قايتىپ كېلەتتى. ئۇ سىڭگەن نېنىنى يەپ ياشاپ، كۈنلىرىنى شۇنداق ياخشى ئۆتكۈزدى.

بەزى دۆلەتلەر باركى، بىرەر مەھبۇسنىڭ كاللىسىنى ئېلىش ياكى ئۇنى بىر ئۆمۈر ھەپسىگە سولاش ئۈچۈن، قانچىلىك چىقىم كېتىشىگە پىسەنت قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئاشۇنداق دۆلەتتە ياشاپ قالمىغىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋەتتە بىر بەختلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ.

]]>
?feed=rss2&p=12047 0
ئېرنىسىت ھېمىڭۋاي: سۇدىكى مۈشۈك ?p=12027 ?p=12027#comments Wed, 05 Mar 2014 04:26:54 +0000 ?p=12027 سۇدىكى مۈشۈك

ئېرنېست ھېمىڭۋاي(ئامېرىكا)

 

تەرجىمە قىلغۇچى: قۇدرەت بارات

 

مېھمانخانىدا قونغانلار ئىچىدە ئامېرىكىلىق مېھماندىن پەقەت ئىككىسىلا بار. ئۇلار ياتاققا كىرىپ چىقىپ، پەلەمپەيدىن ئۆتىۋاتقاندا ئۆزلىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تونۇمايتتى. ئۇلارنىڭ ياتىقى دېڭىزغا قاراپ تۇرغان ئىككىنچى قەۋەتتە ئىدى. ياتاق دېرىزىسى ئۇدۇلىغا يەنە باغچا بىلەن ئۇرۇش ئابىدىسى توغرا كېلەتتى. باغچىدا يوغان پالما دەرىخى، يېشىل رەڭلىك ئۇزۇن ئورۇندۇق بار ئىدى. ھاۋا ياخشى كۈنلەردە، باغچىدا رەسىم جاھازىسى ئېلىۋالغان رەسسامنى كۆرگىلى بولاتتى. رەسساملارنىڭ ھەممىسى پالما دەرىخىنىڭ ئېگىز ئۆسكەن ھالىتىنى، دېڭىز بىلەن باغچىغا قاراپ تۇرغان مېھمانخانىنىڭ كۆركەم مەنزىرىسىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىتالىيەلىكلەر دائىملا ئۇرۇش ئابىدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىدۇ. ئۇرۇش ئابىدىسى مىستىن ياسالغان. يامغۇر ياغسا يالتىراپ نۇر چاچىدۇ. يامغۇر ياغماقتا. يامغۇر سۈيى پالما دەرىخى ئۈستىدىن تامچىلىماقتا. تاش يولغا سۇ كۆللەپ قالغان. دېڭىز سۈيى يامغۇر بىلەن قوشۇلۇپ دومىلاپ كەلگىنىچە قىرغاققا ئۇرۇلىدۇ، ئارقىدىن دېڭىز ساھىلىنى بويلاپ سىيرىلغىنىچە كەينىگە قايتىدۇ، يەنە بىردەمدىن كېيىن يامغۇر سۇلىرى بىلەن قوشۇلۇپ دومىلاپ كېلىدۇ. ئۇرۇش ئابىدىسى يېنىغا توختىتىلغان ماشىنالارنىڭ ھەممىسى ھەيدەپ كېتىلدى. مەيداننىڭ ئۇدۇلىدا، مۇلازىملاردىن بىرى ئاشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا قۇرۇقدىلىپ قالغان مەيدانغا قاراپ تۇرماقتا.

ئامرېكىلىق خانىم دېرىزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ سىرتقا نەزەر تاشلىدى. سىرتتا-ئۇلارنىڭ دەرىزىسى ئاستىدا- بىر مۈشۈك ئەتراپىدىن يامغۇر سۈيى تامچىلاۋاتقان يېشىل رەڭلىك ئۈستەلنىڭ تېگىدە تۈگۈلۈپ تۇراتتى. مۈشۈك يامغۇر سۈيىنىڭ بەدىنىگە تېمىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بار كۈچىنى يىغىپ تۈگۈلمەكتە ئىدى.

-پەسكە چۈشۈپ ئاۋۇ مۈشۈكنى تۇتىۋالاي،-دېدى ئامرېكىلىق خانىم.

-مەن تۇتاي،-ئۇنىڭ كارىۋاتتا ياتقان ئېرى شۇنداق دېدى.

-ياق، ئۆزۈم تۇتىمەن. ئۇ بىچارە مۈشۈك ھۆل بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۈستەلنىڭ ئاستىغا كىرىۋالدى.

ئۇنىڭ ئېرى كىتاۋىنى كۆرىۋەردى. ئۇ بېشىغا ئېگىز ياستۇقتىن ئىككى قويۇپ، كارىۋاتنىڭ ئاياق تەرىپىدە ياتاتتى.

-يامغۇردا قالماڭ،-دېدى ئۇ.

خانىم پەلەمپەيدىن چۈشۈپ، مېھمانخانا ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، مېھمانخانا خوجايىنى ئۇنىڭ ئېگىلىپ سالام بەردى. مېھمانخانا خوجايىنىنىڭ يېزىق ئۈستىلى ئىشخانىنىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدا ئىدى. ئۇ بەكلا ئېگىز بويلۇق ياشانغان كىشى ئىدى.

-يامغۇر يېغىپ كەتتى،-دېدى خانىم. ئۇ مېھمانخانا خوجايىنىنى ياختۇرۇپ قالدى.

-شۇنداق، شۇنداق، خانىم، ھاۋا ياخشى ئەمەس. ھاۋا بەك ناچار.

مېھمانخانا خوجايىنى قاراڭغۇ ئىشخانىسىنىڭ بۇلۇڭىدىكى يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى. خانىم ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ھەرقانداق زارلىنىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى، ئۇ ئۇنىڭ تەمكىن پوزىتسىيىسىنى، ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پوزىتسىيىسىنى ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۆزىنى مېھمانخانا خوجايىنى دەپ ھېسابلىغاندىكى مۇئامىلىسىنى ، ئۇنىڭ ياشانغان يۈزىنى ۋە يوغان قولىنى ياقتۇرۇپ قالدى.

ئۇ بىر ياقتىن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغاچ، بىر ياقتىن ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا قارىدى. يامغۇر تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. رېزىنكە يېپىنچا كىيىۋالغان بىرەيلەن مەيداننى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاشخانا تەرەپكە قاراپ ماڭماقتا. ھېلىقى مۈشۈك تەخمىنەن ئوڭ تەرەپتىكى يېقىن ئەتراپتا. بەلكىم ئۇ بىنانىڭ لەمپىسىنى بويلاپ مېڭىپ يەر ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئىشىك ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدىن بىر كۈنلۈك ئېچىلدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ياتىقىغا مەسئۇل مۇلازىم قىز ئىدى.

-سىزنى ھۆل قىلىۋەتمەسلىكىم كېرەك،-ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، ئىتالىيە تىلىدا شۇنداق دېدى. ئۇنى مۇشۇنداق قىلىشقا مېھمانخانا خوجايىنى ئورۇنلاشتۇرغىنى ئېنىقلا ئىدى. خانىم مۇلازىم قىزنىڭ كۈنلۈك بىلەن ئۆزىنى قوغدىشى ئاستىدا، تاشلىق يولنى بويلاپ، ئۆزى چۈشكەن ياتاقنىڭ ئاستىغا كەلدى. ئۈستەل مۇشۇ يەردە ئىدى، يامغۇردا ياپيېشىل بولۇپ كەتكەن ئىدى. بىراق، مۈشۈك يوق تۇراتتى. ئۇ بىردىنلا بەك ئۈمىدسىزلەندى. مۇلازىم قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى.

-بىرەر نەرسىڭىزنى يوقۇتۇپ قويدىڭىزمۇ، خانىم؟

-بىر مۈشۈكنى.

-مۈشۈكنى؟

-ھەئە، مۈشۈكنى؟

-مۈشۈكنى؟-مۇلازىم قىز قاقاھلاپ كۈلدى،-يامغۇردا قالغان مۈشۈكنى؟

-شۇنداق. مۇشۇ ئۈستەلنىڭ ئاستىدا ئىدى،-ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،-ھەي، ئۇنى ھەجەپ سېغىندىم. ئۇ ماڭا كېرەك ئىدى.

ئۇ ئېنگىلىزچە سۆزلىگەندە، مۇلازىم قىزنىڭ يۈزى بىردىنلا تارتىشىپ كەتتى.

-يۈرۈڭ، خانىم، كىرىپ كېتىشىمىز كېرەك، ھۆل بولۇپ كېتىسىز.

-شۇنداق بولۇشىنى خالايمەن.

ئۇلار تاشلىق يولنى بويلاپ كەينىگە قايتىپ، مېھمانخانىغا كىردى. مۇلازىم قىز سىرتتا قېلىپ، كۈنلۈكنى يىغدى. ئامرېكىلىق خانىم مېھمانخانىنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، مېھمانخانا خوجايىنى ئۇنىڭغا سالام قىلدى. خانىم بىر ئاز زېرىكىش ۋە ئوڭايسىزلىق ھېس قىلدى. بۇ خوجايىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەك زېرىكىشلىك بىلنەشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەكلا قالتىس بىلنەشتى. خانىم بىردىنلا ئۆزىنى بەك قالتىس ھېس قىلدى. ئۇ پەلەمپەيدىن چىقىپ، ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. جورجى كارىۋاتتا يېتىپ كىتاب كۆرىۋاتاتتى.

-مۈشۈكنى تۇتىۋالالىدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى ئۇ قولىدىكى كىتابنى قويۇپ.

-قېچىپ كەتتى.

-نەگە قېچىپ كېتىدۇ؟-دېدى ئۇ كىتابقا قارىماستىن كۆزىنى ئارام ئالدۇرغاچ.

خانىم كارىۋاتتا ئولتۇردى.

-ماڭا ئۇ مۈشۈك بەك كېرەك ئىدى، ئۇ مۈشۈككە نېمىشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئۇ بىچارە مۈشۈك ماڭا كېرەك. يامغۇردا قالغان بىچارە مۈشۈك بولۇپ قېلىش ھەرگىزمۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش ئەمەس.

جورجى يەنە كىتابقا قارىدى.

ئۇ گىرىم ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولىغا ئەينەكنى ئېلىپ، ئۆزىگە قارىدى. ئۇ ئۆزىنى يان تەرەپتىن ئوبدان كۆزەتتى. ئاۋال بىر تەرەپتىن ،ئاندىن يەنە بىر تەرەپتىن كۆزەتتى. ئاندىن بېشىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ۋە بوينىغا سىنچىلاپ قارىدى.

-ئەگەر چېچىمنى قويۇۋەتسەم، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟-دەپ سورىدى ئۇ. ئاندىن يەنە يان كۆرۈنىشىگە قارىدى.

جورجى بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ بوينىغا قارىدى. ئۇنىڭ چېچى ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش قىسقا قىلىپ ياسىتىلغان ئىدى.

-مۇشۇ ھالىتىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن.

-لېكىن، بۇ ھالىتىمدىن بەك زېرىكتىم. ئەر كىشىدەكلا. ئىچىمنى بەك پۇشۇردى.

-سىز راستلا بەك چىرايلىق.

ئۇ ئەينەكنى گىرىم ئۈستىلىنىڭ ئۈستىگە قويدى، دېرىزىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يىراقلارغا قارىدى. ئاسماننى بارا-بارا قاراڭغۇلۇق قاپلىماقتا ئىدى.

-مەن چېچىمنى ھەم چىڭ، ھەم سىلىق ئۆرۈپ، ئارقا تەرىپىمدىن ئۆزۈم سىلىيالىغۇدەك ھالەتتە تۈگۈنچەكلىۋالىمەن،-دېدى ئۇ،-مېنىڭ راستتىنلا بىر مۈشۈكنى تىزىمغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنى سىلاپ مىياڭشىتقۇم بار.

-شۇنداقمۇ؟-دېدى جورجى كارىۋاتتا يېتىپ. مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ كۆمۈش چىنە-قاچىلىرىمدا تاماق يەيمەن. شام ياقىمەن. ھازىر مەن ئۈچۈن باھار پەسلى بولۇشى، ئەينەككە قاراپ چاچ تارىشىم كېرەك. ماڭا مۈشۈك لازىم. يەنە نەچچە قۇر يېڭى كىيىم لازىم.

-ۋاي، بولدى قىلىڭ، بىر نەرسە تېپىپ ئوقۇڭە،-دېدى جورجى. ئۇ يەنە كىتاب ئوقۇدى.

ئۇنىڭ ئايالى دەرىزىدىن سىرتقا قارىدى. بۇ چاغدا، سىرت قاپقاراڭغۇ بولۇپ كەتتى. يامغۇر تېغىچى پالما دەرىخىگە ئۇرۇلماقتا ئىدى.

-ئشقىلىپ، ماڭا بىر مۈشۈك لازىم،-دېدى ئۇ،-ماڭا مۈشۈك لازىم، ھازىر ماڭا بىر مۈشۈك لازىم. ئۇزۇن چېچىممۇ، مېنى خۇشال قىلىدىغان بىرەر نەرسەممۇ بولمىغاندىكىن، بىر تال مۈشۈك بولسا يامان كەتمەس.

جورج ئەمدى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ كىتاب ئوقۇماقتا. ئۇنىڭ ئايالى دېرىزىدىن سىرتقا قارىماقتا. مەيداننىڭ چىراقلىرى يورۇپ كەتكەن ئىدى.

بىرسى ئىشىك چەكتى.

-كىرىڭ،-دېدى جورج كارۋاتتا ياتقان پېتى نەزىرىنى ئىشىككە بۇراپ.

ھېلىقى مۇلازىم قىز ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۇ يوغان بىر كارتېتا مۈشىكىنى چىڭڭىدەك قۇچاقلىۋالغان ئىدى. ئۇ مۈشۈكنى پەم بىلەن قويۇپ بەردى.

-كەچۈرۈڭ،-دېدى مۇلازىم،-خوجايىن بۇ مۈشۈكنى خانىمىڭىزغا بېرىشىمنى ئېيتقان ئىدى.

«نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ مىكرو ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

بۇ ھېكايە «ئەدەبىي تەرجىمە ژۇرنىلى» 2014- يىللىق 2- ساندا ئېلان قىلىنغان

]]> ?feed=rss2&p=12027 6 گارسىيە ماركوس:پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ ?p=12002 ?p=12002#comments Fri, 21 Feb 2014 02:51:57 +0000 ?p=12002 پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ

گارسىيە ماركوس (كولومبىيە)

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

مۇھەررىردىن :بۇ گارسىيە ماركوسنىڭ 1961-يىلى ئېلان قىلىنغان پوۋېستى. ئەسەردە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن بىر پولكوۋنىكنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاچارچىلىق دەستىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدەك ئېچىنىشلىق تراگېدىيە تەسۋرلەنگەن. چىلىنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىسى لۇيس خارسنىڭ باھاسى بويىچە ئېيتقاندا، پولكوۋنىك- گارسىيە ماركوسنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان پېرسوناژلىرىنىڭ بىرى. دەرۋەقە، ئەسەردە ئاپتۇر پولكوۋنىكنىڭ ۋۇجۇدىدىكى خاسلىقنىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى چۇڭقۇر قېزىپ بەرگەن. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، بۇ ئەسەرنى ئاپتۇرنىڭ پارىژدا مۇخبىرلىق قىلىپ تۇرىۋاتقان چاغدىكى روھىي ھالىتىنىڭ تەسۋىرى دېيىشكە بولىدۇ. پولكوۋنىكنىڭ ئۆلۈمىنىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ كۈتۈۋالغىنىدەك ئۆزگىچە خاسلىقى ئەسەرنى چەكسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلغان. ئاپتۇر بۇ پوۋېستىدىن: « ئىجادىيەت ھاياتىمدا ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئەسىرىم، سەنئەت مۇۋەپپەقىيتى جەھەتتە <يۈز يىل غېرىبلىق>تىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دەپ ماختىنىدۇ.

 

پولكوۋنىك قەھۋە قۇتىسىنى ئېچىپ، ئىچىدە بىر قۇشۇقلا كەلگۈدەك قەھۋە قالغانلىقىنى كۆردى ۋە ئوچاقتىن قازاننى ئېلىپ ئىچىدىكى سۇنىڭ يېرىمىنى تۆكۈۋەتتى، ئاندىن قەلەمتىراچ بىلەن قۇتىنىڭ ئىچىنى قىرىپ، تۆمۈر دېتى ئارىلاش ئازراق قەھۋەنى قازانغا سالدى.

ئوچاقنىڭ يېنىدا ساددا، ئەمما مەغرۇر بىر ھالەتتە ئولتۇرغان پولكوۋنىك قەھۋەنىڭ قاينىشىنى كۈتۈۋېتىپ چۈشىنىكسىز بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالدى. ئۆكتەبىر كىرىپ قالغانىدى. بۇ ئالدىن ھۆكۈم قىلىش تەس شۇنداق بىر سەھەر ئىدى، بۇنداق سەھەرنى تالاي قېتىملاپ باشتىن كەچۈرگەن پولكوۋنىكمۇ بۇ سەھەردە زادى قانداق بىر ھالنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا ئامالسىز ئىدى. ئالدىنقى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشتىن كىيىنكى ئەللىك ئالتە يىل داۋامىدا پولكوۋنىك كۈنلىرىنى كۈتۈش بىلەنلا ئۆتكۈزدى. ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ كىرىشىنىمۇ ئوخشاشلا تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ كەلگەنىدى.

خوتونى پولكوۋنىكنىڭ قەھۋە كۆتۈرۈپ كىرەگەنلىكىنى كۆرۈپ پاشىلىقنى ئاچتى. ئاشۇ كۈنى زىققا كېسىلى قوزغىلىپ قالغاندىن بېرى ئايال يېرىم بىھۇش ھالەتتە قىينىلىپ ياتاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ تەستە ئۆرە بولۇپ ئېرىنىڭ قولىدىن ئىستاكاننى ئالدى.

-سىزچۇ؟ سورىدى ئۇ.

-مەن ئىچىپ بولدۇم،- دېدى پولكوۋنىك خوتۇنىنى ئالداپ،- قۇتىدا يەنە چوڭ قوشۇقتا بىر چىققۇدەك قەھۋە قالدى.

شۇ ئەسنادا سىرتتا ماتەم قوڭغۇرقىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. پولكوۋنىك مېيىت ئۇزىتىدىغان ئىسنى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقارغانىدى. شۇچاغدا پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ئۆلگۈچىنى ئەسلەپ قالدى.

–   ئۇ ئوغلىمىزدىن دەل بىر ئاي كېيىن يەنى 1922- يىل 4- ئاپرېل تۇغۇلغانىدى،- دېدى ئۇ.

بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان، بېلى يادەك ئېگىلگەن، چىرايى تامدەك ئاقارغان بۇ ئايال شامال ئۆتۈشمەيدىغان پاشىلىقتا قەھۋەنى ئاستا سۈمۈرۈپ ئىچىۋاتاتتى، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ قالغاچقا، ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆلزلىشىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئىستاكاندىكى قەھۋە تۈگىدى، ئەمما ئايال ئۆلگۈچىنى خىيالىدىن چىقىرالماي ئولتۇرۇپ كەتتى.

-جەسەتنى 10- ئۆكتەبىردە دەپنە قىلىش قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەسمۇ؟

پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ گېپىگە ئېرەن قىلماي دېرىزىنى ئاچتى. ھويلىدا ئۆكتەبىر كىرەگەنلىكىنىڭ دالالىتى سۈپىتىدە دەل- دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى كۆكىرىشكە باشلىغان، سازاڭ قۇرتلار توپىلىق يەردە ئۆزىنىڭ ئەپچىل پاناھ جايلىرىنى ياساشقا تۇتۇنغانىدى. پولكوۋنىك شۇلارنى تاماشا قىلىۋېتىپ، كۆڭلىدە ئۆكتەبىرنىڭ خەيرلىك بولمىغان بىشارەتلىرىنى سەزگەندەك قىلاتتى.

-بەك سوغۇقۇم ئېشىپ كېتىپتۇ،- دېدى پولكوۋنىك.

       – شۇ يامغۇرنىڭ كاساپىتى،- دېدى خوتۇنى جاۋابەن،- يامغۇر ياغقاندىن باشلاپلا سىزگە، ئۇزۇن پايپىقىڭىزنى كىيىپ يېتىڭ دېگىلى تۇرغان.

      – بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۇزۇن پايپىقىمنى كىيىپ ئۇخلىغان.

     سىم- سىم يامغۇر ھېچ توختايدىغاندەك قىلمايتتى. پولكوۋنىك ئەدىيالغا يۆگىنىپ ئاسما كارىۋاتتا ياتاي دەپ تۇرۇۋىدى، توختىماي ئاڭلىنىۋاتقان قوڭغۇراق ئاۋازى ئۇنىڭغا بۈگۈن مېيىت ئۇزىتىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ قويدى. « ئۆكتەبىرمۇ كىرىپ قالدى» پولكوۋنىك ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلىغىنىچە ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا مېڭىۋېتىپ، توخۇ سوقۇشتۇرۇشقا سالىدىغان خورىزىنىڭ تېخىچە كارىۋاتنىڭ پۇتىغا باغلاقلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالدى.

    پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ قولىدىن قۇرۇقدالغان ئىستاكاننى ئېلىپ ئاشخانىغا ئەكىرىپ قويدى ۋە تۆر ئۆيگە كىرىپ ياغاچ ھەيكەل جاھازىسىغا قادالغان سائەتنىڭ پۇرژىنىنى چىڭىتىپ قويدى، ھۇجرا بەكلا تار بولۇپ، پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى نەپسى قىسىلىپ بەكلا قىيىنىلاتتى. ئەكىسچە تۆر ئۆ تولىمۇ ئازادە ئىدى. ئۆيگە ئۈستىگە داستىخان سېلىنغان، گەجدىن ياسالغان بىر مۈشۈك ھەيكىلى قويۇلغان بىر كىچىك شىرە قويۇلغان ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا چىۋىقتىن ياسالغان تكت تەۋرەنمە ئورۇندۇق بار ئىدى. ئاسما سائەتنىڭ ئۇدۇلدىكى تامغا بىر توپ ئالىقاپ يىگىتنىڭ ئارىسىدا بېشىغا نېپىز داكا ئارتقىنىچە لىق ئەتىرگۈل بېسىلغان كېمىدە تۇرغان بىر ئايالنىڭ رەسىمى چاپلانغانىدى.

    پولكوۋنىك سائەتنىڭ پۇرژىنىنى چىڭىتىپ بولغاندا، 7دىن 20 مىنۇت ئۆتكەىدى. ئۇ بىر ئازدىن كېيىن خورازنى ئاشخانا ئۆيگە ئەكىرىپ ئوچاقنىڭ يېنىغا باغلاپ قويدى. ئاندىن ئىدىشتىكى سۇنى يەڭگۈشلەپ، يېنىغا بىر باش كۆممىقۇناقنى قويۇپ قويدى. بىر توپ بالا ئۆرۈلەي دەپ قالغان رېشاتكىلار ئارىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ خورازنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ جىممىدە ئولتۇرۇشتى.

    -توخوغا ئۇنداق قاراۋەرمەڭلار،- دېدى پولكوۋنىك،- قاراۋېرىپ كۆزۈڭلار تەگمىسۇن يەنە.

    بالىلار ئۇنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلمىدى. بىر بالا يانچۇقىدىن ئېغىز گارمۇنىنى چىقىرىپ يېقىملىق بىر مودا ناخشىغا چېلىشقا باشلىدى.

-بۇ بىر نېمەڭنى بۈگۈن چالما،- دېدى پولكوۋنىك ئۇ بالىغا،- بازاردا بۈگۈن ئادەم ئۆلدى.

بالا ئېغىز گارمونىنى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدى. پولكوۋنىك كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ دەپنە مۇراسىمىغا بېرىش ئۈچۈن ئىچكىرىكى ئۆيگە ئەكىردى.

خوتۇنى ئاغرىپ قالغاچقا، پولكوۋنىكنىڭ دەپنە مۇراسىملىرىغا كىيىپ بارىدىغان ئاق كىيىمى دەزمالسىز قالغانىدى. پولكوۋنىك نائىلاج تويدىن كىيىن ئالاھىدە سورۇنلاردا كىيىپ كەلگەن سوكنا كىيىمىنى كىيمەكچى بولۇپ، ساندۇقتىن ئۇنى مىڭبىر مۇشەققەتتە تېپىپ چىقتى. كىيىم گېزىت بىلەن ئورالغان، كۈيە يەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئىچىگە نافتالىن سېلىنغانىدى. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى كارىۋاتتا ئۆلگۈچىنى خىيالىدىن چىقىرالماي ياتاتتى.

-ئۇ ئادەم بۇ چاغقا ئاۋگوستىن بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندۇ،- دېدى خوتۇنى،- ئۇ مەرھۇم ئوغلىمىز ئاۋگۇستىنغا بىزنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىمىزنى سۆزلەپ بەرمەس- ھە.

-ئۇلار شۇ تاپتا خورازنى دەپ جاڭجاللىشىۋاتامدۇ تېخى،- دېدى پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك ساندۇقتىن كونا، يوغان بىر كۈنلۈكنى تاپتى. بۇ كۈنلنك خوتۇنىغا پولكوۋنىكنىڭ پارتىيسى ئۈچۈن مەبلەغ توپلاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن چەك تارتىش پائالىيتىدە چىققانىدى. شۇ كۈنى كەچتە كىشىلەر دالا ئولتۇرۇشىغا قاتناشقانىدى. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ۋە سەككىز ياشلىق ئوغلى ئاۋگوستنمۇ بۇ ئولتۇرۇشقا قاتناشقانىدى. يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ، ئويۇن قويۇلىۋەردى. پولكوۋنىك خوتۇنى ۋە بالىسى بىلەن كۈنلۈكنىڭ دالدىسىدا ئويۇننى ئاخىرغىچە كۆرگەنىدى. مانا ئەمدى ئوغلى ئاۋگوستىن پانىي ئالامدەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان، پارقىراق كۈنلۈكمۇ مىتە چۈشۈپ ئۆتمىتۈشۈك بولۇپ كەتكەنىدى.

-خوتۇن، قاراڭلار ماۋۇ كۈنلۈكىمىزنىڭ ھالىغا،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەمدى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ساناشقىلا ئەسقاتقۇدەك.

پولكوۋنىك كۈلدى، ئەمما خوتۇنى كۈنلۈككە قاراپمۇ قويمىدى.

-ھەممە نەرسە شۇنداق،- دېدى پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلاپ،- بىز ئادەملەرمۇ ھايات تۇرۇپمۇ چىرىپ كېتىۋاتىمىزغۇ.

ئايال سۆزىنى تۈگىتىپ كۆزلىرىنى يۇمدى ۋە ئۆلگۈچى توغرىسىدىكى تەگسىز خىياللار قاينىمىغا غەرق بولدى.

      ئۆيدە ئەينەك بولمىغاچقا، پولكوۋنىك ساقاللىرىنى قولى بىلەن سىلاپ- سىيپاشتۇرۇپ تەستە ئېلىۋالدى، ئاندىن ئۈن- تىنسىز كىيىملىرىنى كىيدى. كونا كۆڭلىكىنىڭ مىس تۈگمىسىنى مەھكەم ئەتتى. پولكوۋنىك يالغان ياقىلىقى بەك كونىراپ كەتكەن بولغاچقا، گالىستۇك تاقىمىدى.

      پولكوۋنىك ھەرقانداق بىر ئىشنى كاتتا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندەك ھېسىياتتا ئورۇندايتتى. ئۇنىڭ پارقىراق، گۆشلۈك قوللىرىنىڭ ئۈستىنى بوينىغا ئوخشاشلا ھەرخىل داغ قاپلاپ كەتكەنىدى. ئۇ كالتە قونچلۇق ئۆتۈكىنى كىيىشتىن بۇرۇن، ئۆتۈكنىڭ چەمىگە چەمىگە چاپلاشقان لايلارنى قىرىۋەتتى. خوتۇنى ئېرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ توي كۈنىدىكىدەكلا ياسىنىۋالغانلىقىنى ھەم بەكلا قېرىپ كەتكەنلىكىنى شۇ چاغدىلا سەزدى.

     _ بىرەر چوڭ ئىشنى قىلىشقا بارامسىز نېمە؟- سورىدى خوتۇنى.

_ بۇ قېتىمقى مېيىت ئۇزىتىشمۇ چوڭ ئىش،- دېدى پولكوۋنىك،- ئۇ نۇرغۇن يىللاردىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەم بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ئادەم.

 يامغۇر سائەت 9 دىن ئاشقاندىراق توختىدى. پولكوۋنىك سىرتقا ماڭاي دەپ تۇرىۋىدى، خوتۇنى يېڭىدىن تارتتى:

_ چېچىڭىزنى تارىۋېلىڭ!

پولكوۋنىك كالا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان تارغاقتا چېچىنى ياتقۇزۇپ تېرىۋېلىش ئۈچۈن خېلى كۈچەپ باقتى. ئەمما ئۇرۇنۇشى بىكارغا كەتتى.

_ شاتۇتىغا ئوخشاپ قالغاندەك تۇرامدىم نېمە،- دېدى پولكوۋنىك.

خوتۇنى ئېرىنىڭ ئۈستىۋېشىغا ئىنچىكىلەپ قاراپ، شاتۇتىغا ئوخشىغۇدەك بىرەر يېرىنى تاپالمىدى. بۇ ئورۇق ئادەمنىڭ قاتتىق سۆڭەكلىرى گايكا ۋە بولتىلار بىلەن تۇتاشتۇرۇپ قويۇلغاندەكلا قىلاتتى.

_ ئەمدى ئوۈدان بولدى،- دېدى خوتۇنى ۋە پولكوۋنىك ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا يەنە قوشۇپ قويدى،- بىزنىڭ دوختۇرغا ياخشى قارىيالمىغان يېرىمىز بارمۇ، ئۆزىدىن سوراپ باقارسىز.

ئۇلارنىڭ ئۆگزىسى پالما يومۇرمىقىدا يېپىلغان، تاملىرىنىڭ ئاپئاق ھاكلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئۆيى كەنىتنىڭ بېشىدا ئىدى. يامغۇر توختىغانىدى، ئەمما ھاۋا يەنىلا نەمخۇش ئىدى. پولكوۋنىك ئىككى قاسنىقىغا زىچ ئۆي چۈشكەن تار كوچىنى بويلاپ مەيدان تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى، نەزىرى يىراققا تاشلاندى. بازارغا گۈللەر پەۋەس تىزىۋېتىلگەنىدى. ئۇچىسىغا قارا كىيىم كىيگەن ئاياللار مېيىت ئۇزاتقۇچىلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشاتتى.

پولكوۋنىك مەيدانغا كەلگەندە، يەنە سىم- سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. بىلىيارتخانا خوجايىنى ئىشىكى ئالداىدا پولكوۋنىكنى كۆرۈپ، قوللىرىنى كەڭ يايغىنىچە ۋارقىرىدى:

_ پولكوۋنىك، توختاپ تۇرۇڭ! سىزگە بىر كۈنلۈك بېرىپ تۇراي.

پولكوۋنىك كەينىگە قارىمايلا جاۋاب بەردى:

_ رەھمەت، مۇشۇ پېتى ماڭىۋېرەي.

مېيىت ئۇزاتقۇچىلار تېخى يولغا چىقمىغانىدى. ئەرلەر ئاق كۆڭلەك كىيىپ، قارا گالىستۇك تاقىغان، قوللىرىدا كۈنلۈك، ئىشىك ئالدىدا پاراڭ سېلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى پولكوۋنىكنى كۆرۈپ، مەيداندىكسۇ ئازگىلىدىن بىر تاقلاپلا ئۆتتى:

_ بۇ ياققا كېلىۋېلىڭ!- دېدى ئۇ ئۈنلۈك توۋلاپ ۋە كۈنلۈكنى پولكوۋنىك تەرەپكە سۇندى.

_ رەھمەت، ئىنىم،- دېدى پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك ئۇ ئادەمنىڭ تەكلىپىنى سىلىق رەت قىلىپ، ئۆلگۈچىنىڭ ئانىسىغا كۆڭۈل ئېيتىپ قويۇش نىيتىدە ئۇنىڭ ئىچىگە كىردى. ئىشىكتىن ھەرخىل گۈللەرنىڭ ھىدى پولكوۋنىكنىڭ دىمىغىغا ئۇرۇلدى. ئۇ شۇ زامات پۈتۈن بەدىنىنىڭ قىزىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى. پولكوۋنىك ئۆيدە تىقىلىپ تۇرغان ئادەملەر ئارىسىدىن ئۆتمەكچى بولۇپ تۇرۇۋىدى، كىمدۇر بىرى ئۇنى مۈرىسىدىن ئىتتەرگىنىچە چىرايىدىن تېڭىرقاش ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان ئادەملەر ئارىسىدىن ئۆتكۈزۈپ بۇرنى نوەايدەك يوغان جەسەتنىڭ يېنىغا ئېپىرىپ قويدى.

ئۆلگۈچىنىڭ ئانىسى مېيىت ساندۇقىنى چىۋىندىن قورۇپ ئولتۇراتتى. ئۇچىسىغا قارا كىيىم كىيگەن يەنە بىر نەچچە ئايال ئېقىن سۇنى تاماشا قىلىۋاتقاندەك بىر ھالەتتە بىر چەتتە مېيىتقا قاراپ تۇراتتى. توساتتىن ئۆينىڭ نېرىسىدا تۇرغان بىر ئادەمنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. پولكوۋنىك بىر ئايالنى ئىتتىرىپ يېنىچە ماڭغان پېتى مەرھۇمنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە بىر قولىنى مىڭ تەستە ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويدى.

-سىزدىن ھال سورايمەن،- دېدى پولكوۋنىك.

  مەرھۇمنىڭ ئانىسى ئارقىسىغا قارىماي پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى. پولكوۋنىك قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. يۈرەكنى ئېزىدىغان ھەسرەتلىك يىغا- زارە ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئادەملەر توپى تەرىپىدىن مېيىتنىڭ قېشىغا سۈرۈلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ يىقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن قوللىرىنى چىقاردى. تامنىڭ تۈۋىدىمۇ ئادەملەر سانجاق تۇرۇپ كەتكەچكە، تام ياقىلاپ مېڭىشقىمۇ ئامالسىز ئىدى. شۇ ئارىدا كىمدۇر بىرى تولىمۇ مۇلايىم ئاۋازدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا:

_ ئېھتىيات قىلىڭ، پولكوۋنىك!- دەپ شىۋىرلىدى.

پولكوۋنىك كەينىگە بۇرۇلۇپ، بۇ ئاۋازنىڭ مېيىتتىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدى، ئەمما ئۇنىڭ كىملىكىنى تونالمىدى. چۈنكى، مېيىتنىڭ ھەممە يېرى ئاپئاق رەخت بىلەن ئوالغان، قولىغا قىسقا كاناي تۇتقۇزۇلغانىدى. بەدىنى ئاللىبۇرۇن سوۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ، چىرايىدىن ھاياتلىق ئىزنالىرى ئۆچمىگەن، پولكوۋنىكقا ئوخشاش ھولۇقىۋاتقاندەك بىر خىل ئالامەت چىقىپ تۇراتتى. قۇلاقنى يارىدىغان يىغا- زار ئىچىدە دېمى سىقىلغان پولكوۋنىك ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش ئويىدا بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۈستى يېپىلغان مېيىت ساندۇقىنىڭ ئىشىك تەرەپكە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. كۆردىيۇ، پۈتۈن بەدىنىدىن پۇرۇلداپ تەر قۇرۇلۇپ، ئۈگە- ئۈگىلىرى سىرقىراپ ئاغرىپ كەتتى. بىر ئازدىن كېيىن سىمىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇر كۆزلىرىنى خىرەلەشتۈرگەندىن كىيىنلا پولكوۋنىك ئۆزىنىڭ كوچىغا چىقىپ قالغانلىقىنى چۈشەندى. شۇئان بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ:

_ بولۇڭ دەيمەن، تۇغقىنىم! سىزنى ساقلاۋاتقىنىمغا نەۋاخ!- دېدى.

پولكوۋنىك ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلىغا چوقۇندۇرغۇچ ئات ابولغان بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى دون سارۋاس ئىدى. پولكوۋنىك قاتناشقان پارتىينىڭ رەھبەرلىرى ئىچىدە مۇشۇ ئادەملا سىياسىي زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلۇپ، بازاردا بۈگۈنگىچە ياشاپ كېلىۋاتقانىدى.

رەھمەت، تۇغقىنىم،- پولكوۋنىك ئۆزىنى كۈنلۈكنىڭ دالدىسىغا ئالدى. ئىككىيلەن جىممىدە مېڭىشتى. ماتەم مۇزىكىسى ئورۇندالدى. پولكوۋنىك شۇ چاغدىلا بىر ئادەمنىڭ راستىنلا ئۆلگەنلىكىگە ئىشەندى.

-بىچارە!- پولكوۋنىك ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلىدى.

دون سارۋاس تامىقىنى قىرىپ قويدى.

پولكوۋنىك پاكارراق بولغاچقا، كۈنلۈكنىڭ تۇتقۇچىنى سول قولىدا بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ ماڭدى. مېيىت ئۇزاتقۇچىلار مەيداندىن كەتكەندىن كېيىن كىشىلەر يەنە پاراڭغا چۈشتى. شۇ چاغدا دون سارۋاس پولكوۋنىكقا غەمكىن قاراپ:

-تۇغقىنىم، خورىزىڭىزغا نېمە بولدىئ- دەپ سورىدى.

-يەنە شۇ بۇرۇنقى جايىيدا،- دېدى پولكوۋنىك.

شۇ ئەسنادا كىمدۇر بىرىنىڭ:

_ مېيىتنى نەگە ئاپىرىسىلەر؟- دەپ ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى.

پولكوۋنىك نەزىرىنى يىراققا يۆتكەپ، بازار باشلىقىنىڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ بالكونىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغاندەك ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆردى. بازار باشلىقى ئۇچىسىغا فلانېل چاپان، قىسقا ئىشتان كىيگەن، يۈزىن ساقال بېسىپ كەتكەنىدى. ماتەم مۇزىكىسى ئاياغلىشىپ بىر ئازدىن كېيىن پولكوۋنىك پوپ ئانخېلنىڭ بازار باشلىقى بىلەن قانداقتۇر بىر نەرسە ئۈستىدە قىزىشىپ سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. پولكوۋنىك ئۇلارنىڭ قىلىشىۋاتقان پارىڭىنى ئېنىق ئاڭلىدى.

– نېمە ئىش بوپتۇ؟- سورىدى دون سارۋاس.

-ھېچ ئىش يوق،- دېدى پولكوۋنىك،- مېيىتنى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ مېڭىشقا بولمايدۇ، دېيىشىۋاتىدىغۇ.

-ئاپلا، ماۋۇ ئۇنتۇغاقلىقىمنى!- دون سارۋاس ۋارقىرىۋەتتى،- مەن ھەمىشە ھەربىي ھالەتتە تۇرىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمەن.

-لېكىن، بۈگۈنكىسى زوراۋانلىق ھەرىكەت ئەمەستە!- دېدى پولكوۋنىك،- ئۇلار بىر بىچارە مۇزىكانىتنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىپ مېڭىۋاتقان تۇرسا .

      مېيىت ئۇزاتقۇچىلار باشقا بىر يولغا كردى. نامراتلار رويونىدا ئاياللار جىددىيلىك ئىچىدە مۋيىت ئۇزاتقۇچىلارغا جىممىدە قاراپ تۇراتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ئاياللار خۇددى مېيىت ساندۇقى ئىچىدىك ئۆلۈك ئۆزلىرىنىڭ گەپ- سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايدىغاندەك چوڭ كوچىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، مەرھۇمغا مەدھىيە ئوقۇشقا ۋە ۋىدالىشىش سۆزلىرىنى قىلىشقا باشلىدى. قەبرىستانلىققا كەلگەندە پولكوۋنىكنىڭ مىجەزى بىردىنلا ئۆزگىرىپ قالدى. دون ساۋراس مېيىت كۆتۈرگۈچىلەرنى ئۆتۈۋالسۇن دېگەن ئويدا پولكوۋنىكنى تام تەرەپكىرەك ئىتتەردى ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ پولكوۋنىكقا كۈلۈمسىرەپ قارىدى. پولكوۋنىكنىڭ تەلەتى بەك سۆرۈنلىشىپ كەتكەنىدى.

-سىزگە نېمە بولدى، تۇغقىنىم؟- سورىدى دون سارۋاس پولكوۋنىكتىن.

پولكوۋنىك ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ:

-ئۆكتەبىر كىرىپ قالدى ئەمەسمۇ، تۇغقىنىم،- دېدى.

ئۇلار كەلگەن يولى بىلەن قايتتى. يامغۇرنىڭ توختىغىنىغا خېلى بولغان، شېشىدەك سۈزۈك ئاسمان كىشىگە بەكلا ئىگىزلەپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرەتتى.

« ئەمدى يامغۇر ياغماس» ئويلىدى پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك خېلى راھەتلىنىپ قالغان بولسىمۇ، چۇڭقۇر خىيالدىن قۇتۇلالمىغانىدى.دون سارۋاس ئۇنىڭ خىيالىنى ئۈزۈۋەتتى:

-تۇغقىنىم، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقسىڭىز بولغۇدەك جۇمۇ!

-ھېچقانداق كېسىلىم يوق،- دېدى پولكوۋنىك،- بىراق، ئۆكتەبىر كىرسىلا ماڭا قورسىقىمدا بىر نەرسە مىدىرلاۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.

ھە!- دون سارۋاس ھەيرانلىق ئىلكىدە توۋلىۋەتتى. پولكوۋنىك دون سارۋاسنىڭ تۆمۈر دېرىزە ئورنىتىلغان ئىككى قەۋەتلىك يېڭى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ يولىغا راۋان بولدى. قارىلىق كىيىمى كىيمىگىنى ئۈچۈن پولكوۋنىكنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم ئىدى. بىر ئازدىن كېيىن پولكوۋنىك ئۆيىدىن چىقىپ، كوچىدىكى بىر ماگزىندىن ئۆزلىرىگە بىر قۇتا قەھۋە خورىزىغا يېرىم قاداق كۆممىقۇناق ئالدى.

      پەيشەنبە كۈنى، ئاسما كارىۋاتتا يېتىپ ئوبدان ئارام ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن پولكوۋنىك خورىزىغا قاراشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە پۈتۈن بىر كۈن تىنىم تاپمىدى. يېقىندىن بېرى يامغۇر توختىماي يېغىۋاتاتتى. بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە پولكوۋنىك ئۆزىنى پۈتۈن ئىچ قارنى چۇۋۇلۇپ كەتكەندەك بىر ھېسىياتتا سەزدى. خوتۇنىنىڭ تىنىمسىز ھاسىراپ يېتىشىدىن ككڭلى غەش بولۇپ بىر نەچچە كېچە كىرپىك قاقماي چىقتى. بىراق ئۆكتەبىرنىڭ مەلۇم بىر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن خوتۇننىڭ ھاسىرشىنىڭ بىر مەزگىللىك بولسىمۇ توختاپ قالدى. ئاۋگوسىتنىڭ دوسلىرى(بۇ بالىلارمۇ پولكوۋنىكنىڭ ئوغلىغا ئوىشاش ماشىنىچىلىق دۇكىنىدا ھۈنەر ئۆگىنىدىغان، توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەستانىلىرى ئىدى) بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خورازنىڭ توىو سوقۇشتۇرۇش مەيدانىغا چۈشكۈدەك ھالى بار – يوقلۇقىنى كۆرگىلى كەلدى. خورازنىڭ مەيدانىغا چۈشكۈدەك ھالى بار ئىدى.

      ئۆيدە خوتۇنى بىلەن ئۆزىلا قاغاندا پولكوۋنىك ھۇجرسىغا قايتىپ كىردى. خوتۇنى ئەسلىگە كېلىپ قالغانىدى.

  -ئۇلار نېمە دەيدۇ؟- سورىدى خوتۇنى.

-ئۇلار بۇ ئۇيۇنغا بەكلا قىزىقىپ قاپتۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- ھەممىسى سىقىپ، تىجەپ يۈرۈپ خورىزىمىزغا پۇل تىكىپتۇ.

– ھېچ بىلمىدىم، بۇ ئەبگار خورازنىڭ ئۇلارغا نەرى ياراپ قالدىكىن تاڭ،- دېدى خوتۇنى،- مېنىڭ كۆزۈمگىغۇ ئۇ غەلىتە مەخلۇقتەكلا كۆرۈنىدۇ. پاچىقىغا قارىغاندا بېشى بەك كىچىك.

-ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئۆلكە بويىچە ئەڭ ياخشى خوراز ئىكەن،- دېدى پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ گېپىگە قارشى چىقىپ،- تەخمىنەن ئەللىك پىسۇغا يارىغۇدەك.

بۇ خوراز ئوغلىدىن قالغان مىراس ئىدى. ئوغلى يەر ئاستى ۋەرەقىلىرىنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭدىن توققۇز ئاي بۇرۇن توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىدا قاتتىق تاياق يەپ ئۆلۈپ كەتكەنىدى.

– بەڭگىنىڭ خىيالىنى قىلىپ يۈرگىنىنى ماۋۇ ئادەمنىڭ. بۇ خوراز شۇنچە جىق پۇلغا يارامتى؟- دېدى خوتۇنى،- كۆممىقۇناقلارنى يەپ بولغاندىن كېيىن خورازنى ئۆزىمىزنىڭ جىگىرىنى بېرىپ باقارمىزمىكىن تېخى.

پولكوۋنىك كىيىم ئىشكابىدىن يوللۇق ئىشتىنىنى ئىزدەۋېتىپ، ئۆزىنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالدى.

– بىر نەچچە ئايلا قالدى،- دېدى پولكوۋنىك،- بىرىنچى ئايدا توخۇ سوقۇشتۇرۇلىدىكەن، شۇ چاغدا خورىزىمىز تېخىمۇ جىق پۇلغا يارىشى مۇمكىن.

خوتۇنى پولكوۋنىكنىڭ ئىشتىنىغا چوغ دەزمالدا قاتۇرۇپ دەزمال سالدى.

-كوچىغا چىقىشقا نېمانچە ئالدىرايسىز؟- سورىدى خوتۇنى.

-پوچتىخانىغا بارىمەن.

– ھە راسىت، بۈگۈن جۈمە كۈنى-ھە،- خوتۇنى ھۇجرىغا قايتىپ كىرىۋېتىپ شۇنداق دېدى. پولكوۋنىك چاپىنىنى كىيىپ، ئىشتىنىنى كىيىشكە تېخى ئۈلگۈرمىگەنىدى. خوتۇنى ئۇنىڭ ئۆتۈكىگە قاراپ قويدى.

-ئۆتۈكىڭىز تاشلىۋېتىدىغان يەرگە يېتىپتۇ،- دېدى خوتۇنى،- بۇنى كىيمەي قىسقا قونچلۇقىنى كىيسىڭىزچۇ؟

پولكوۋنىكنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولدى.

-بۇ ئۆتۈك يېتىم بالىلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- ئۇنى ھەر قېتىم كىيسەم، ئۆزۈمنى دارىلئېتامدىن قېچىپ چىققاندەكلا سېزىمەن.

-بىزمۇ ئوغلىدىن ئديرىلىپ قالغان كۆڭلى سۇنۇق ئاتا- ئانىلارغۇ،- دېدى خوتۇنى.

بۇ قېتىم ئۇ ئېرىنى يەنە قايىل قىلدى. پولكوۋنىك پاراخوتنىڭ گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلانماستىنلا پۇتىغا قىسقا قونچلۇق ئۆتۈك، ئۇچىسىغا مىس تۈگمىسى مەھكەم ئېتىلگەن ياقىسىز كۆڭلەك ۋە  ئاسمىسى يوق ئاق ئىشتان كىيىپ پورت تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ كەتتى. سەككىز سائەتنى قىمىر قىلماي ئۆتكۈزگەن يولوچىلار ھارغىن ھالەتتە پاراخوتتىن چۈشۈۋاتاتتى. بۇنداق چاغدىكى يولۇچىلار كۆپىنچە ئۇششاق تىجارەتچىلەر ۋە ئالدىنقى ھەپتە ساياھەتكە چىقىپ كەتكەن بازارلىقلار بولاتتى.

ئەڭ ئاخىرىدا پوچتا پاراخوتى كەلدى. پولكوۋنىك قىرغاققا يېقىنلىشىۋاتقان پاراخوتقا بىر خىل تەشۋىش ئىلكىدە قاراۋېتىپ، گاز چىقىرىش تۇرۇببىسىغا باغلانغان، ئۈستىگە بېرزېنت ئارتىلغان خەت خالتىلىرىنى كۆردى. ئون بەش يىللىق كۈتۈش پولكوۋنىكنىڭ بىۋاستە كۆزىتىش سەزگۈلىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىۋەتكەنىدى. بۇنى ئاز دەپ ھېلىقى خورىزى ئۇنى تېخىمۇ يۈرەكئالدى قىلىۋەتكەنىدى. پوچتىكەش پاراخوتقا چىقىپ، خەت خالتىلىرىنى يېشىپ مۈرىسىگە ئارتقاندا، پولكوۋنىك ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى.

پولكوۋنىك پورتقا يانداش چوڭ يولنى بويلاپ پوچتىكەشنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سىرلىق قەسىرنى ئەسلىتىدىغان دۇكانلار ۋە مال سارايلىرىغا كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان ھەرخىل ماللار پەۋەس تىزىۋېتىلگەنىدى. پولكوۋنىك ھەرقېتىم پوچتىكەشكە ئەگىشىپ مۇشۇ يەردىن ئۆتكەندە بىر خىل ئارامسىزلىق ئىلكىدە قالاتتى. بۇ خىل ھېسىيات قورقۇنچقا ئوخشىسىمۇ، ئۇنى ئوبدانلا جىددىيلەشتۈرۈپ قوياتتى. دوختۇر پوچتىخانىدا گېزىتلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغانىدى.

– دوختۇر، خوتۇنۇم سىزدىن بىر ئىشنى سوراپ بېقىڭ دېگەن، سىزگە ئوبدان قارىيالمىغان يېرىمىز بارمۇ، قانداق،- دېدى پولكوۋنىك.

دوختۇر بۇجۇغۇر چاچلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان، چىشلىرى ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە رەتلىك جايلاشقان ياش ئادەم ئىدى. ئۇ پولكوۋنىكتىن خوتۇنىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى. پولكوۋنىك ھەربىر خەت ساندۇقىغا خەت ئايرىۋاتقان پوچتىكەشتىن كۆزىنى ئۈزمەي، دوختۇرغا خوتۇنىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئېيتىپ بەردى. پوچتىكەشنىڭ خەتنى ئايرىۋاتقان چاغدىكى مىس- مىس ھالىتى پولكوۋنىكنىڭ بەكلا جېنىغا تېگەتتى.

دوختۇرغا بىر نەچچە پارچە خەت، بىر تۇتام گېزىت كەلگەنىدى. ئۇ گېزىتتىكى پەن- تېخنىكا تەشۋىق قىلىنغان قىسقا خەۋەرلەرنى ئوقۇماي، باشقا ئىستونلارغا ئالدىراپ كۆز يۈگۈرتتى. پوچتىكەش كۈتۈپ ئولتۇرغانلارغا پوسۇلكىلىرىنى تارقىتىشقا باشلىدى. پولكوۋنىك ئىسمىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى يېزىلغان خەت ساندۇقىغا قاراپ تۇراتتى. كۆك تاشلىق بىر پارچە ئاۋىئاتسىيە خېتى ئۇنى بەكلا جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنىدى.

دوختۇر گېزىت سېلىنغان كونۋېرتنىڭ ماركىسىنى يىرتىۋېلىپ، دەرھال كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان خەۋەرلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى. ئۆزىنىڭ خەت ساندۇقىدىن كۆز ئۈزمەي تۇرغان پولكوۋنىك پوچتىكەشنىڭ خەت ساندۇقىنىڭ ئالدىدا توختىشىنى شۇنچىلىك كۈتكەنىدى. ئەمما پوچتىكەش كېتىپ قالدى. دوختۇر گېزىتتىن كۆزىنى ئۈزۈپ پولكوۋنىكقا قارىدى، ئاندىن نەزىرىنى تېلگىراف ئاپپاراتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان پوچتىكەشكە يۆتكەپ يەنە پولكوۋنىكقا لاپپىدە قاراپ قويدى- دە:

– ماڭايلى!- دېدى.

– پولكوۋنىكقا ھېچنىە كەلمەپتۇ،- دېدى پوچتىكەش بېشىنى كۆتۈرمەي.

پولكوۋنىك قاتتىق خىجىل بولدى.

– مەنمۇ ھېچنىمە كۈتمىگەنىدىم،- پولكوۋنىك كۆڭلىدىكىنى يوشۇرۇپ كەينىگە بۇرۇلدى ۋە بالىلارچە ساددا بىر نەزەر بىلەن دوختۇرغا يالتتىدە قارىدى،- ئىشقىلىپ ماڭا ھېچكىم خەت يازمايدۇ.

ئۇلار بىر ئېغىز گەپ قىلىشماي قايتىشتى.دوختۇر پۈتۈن زېھنى بىلەن گېزىت ئوقۇغاچ مېڭىۋاتاتتى. پولكوۋنىك بولسا ئادىتى بويىچە بىر نەرسىسىنى يىتتۈرۈپ قويغان ئادەمدەك يەردىن ئۈستۈن قارىماي كېتىۋاتاتتى. بۇ كۆز باغلانغانغا يېقىن بىر مەھەل بولۇپ، ھاۋا بەكلا ئوچۇق ئىدى. مەيداندىكى  ئۆرۈك دەرەخلىرىنىڭ قۇرۇپ قالغان ئاخىرقى بىر نەچچە تال يۇپۇرمىقى شاخلىرىدىن ئاجراپ چۈشۈۋاتاتتى. ئۇلار ئامبۇلاتورىينىڭ ئىشىكىگە كەلگەندە، ئەتراپقا تۈن پەردىسى يېيىلدى.

– بىرەر خەۋەر بارمۇ؟- سورىدى پولكوۋنىك.

دوختۇر ئۇنىڭغا بىر نەچچە پارچە گېزىتنى بېرىۋېتىپ جاۋاب بەردى:

-ئۇقمىدىم. بۇ گېزىتكە چىقىۋاتقان خەۋەرلەردىن بىرەر ئۇچۇرنى ئىگىلىمەك تەس جۇمۇ.

-پولكوۋنىك كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ماۋزۇلارغا كۆز يۈگۈرتتى. خەلقئارا خەۋەرلەر بېتىنىڭ تۆتىنچى ئىستونىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىگە سۇۋەيىش قانىلىنىڭ ئىگىدارچىلىق مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەۋەر بېسىلغانىدى. گېزىتنىڭ بىرىنچى بېتى قايسىبىر دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ تىزىملىكى بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى.

– سايلىنىشتىن ئۈمىد قالماپتۇ،- دېدى پولكوۋنىك.

– ساددىلىق قىلماڭ، پولكوۋنىك!- دېدى دوختۇر،- بىز ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس، بىرەر نىجاتكار بىزنى قۇتقۇزۇۋالارمىكىن دەپ ئۈمىدلىنىپ يۈرىۋەرمەيلى.

پولكوۋنىك گېزىتنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋىدى، دوختۇر زادى ئالغىلى ئۇنىمىدى.

– ئۆيڭىزگە ئېلىپ كېتىڭ،- دېدى دوختۇر،- كەچتە ئوقۇپ ئەتىلەردىن قايتۇرۇپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ۋاقىت يەتتىدىن سەل ئكتكەنىدى. قوڭغۇراق راۋىقىدا فىلىم ھەققىدە تەقرىزدىن ئۇچۇر بېرىدىغان قوڭغۇراق ساداسى ئاڭلاندى. پوپ ئانفېل پوچتىخانىدىن ھەر ئايدا ئېلىپ كېلىنىدىغان فىلىملارنىڭ ئىسىملىكىگە ئاساسەن قوڭغۇراق چېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەربىر فىلىمغا ئەخلاق نوقتىسىدىن بېرىلگەن باھانى بازاردىكىلەرگە تونۇشتۇراتتى. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى قوڭغۇراق ئاۋازىنى ساناپ ئولتۇراتتى. قوڭغۇراق يىگىرمە قېتىم چېلىندى.

– ھېچقانداق فىلىم يارىمايدىغۇ بۇ خەققە،- دېدى ئايال،- بىر يىل بولۇپ قالدى، بىرەر فىلىمنىڭ يارىغىنىنى بىلمىدىم بۇلارغا.

– بۇ دۇنيا چىرىكلىشىپ تۈگىشىپ كەتتىغۇ،- ئايال پاشىلىقنى چۈشۈرۈۋېتىپ غۇدۇرىدى.

پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ گېپىگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى. يېتىشتىن بۇرۇن خورازنى كارىۋاتنىڭ پۇتىغا باغلاپ قويدى. ئاندىن دەرۋازىنى ئېتىپ كىرىپ، ھۇجرىغا چىۋىن- پاشىلارنى ئۆلتۈرىدىغان دورا پۈركۈپ، لامپىنى يەرگە قويدى ۋە ئاسما كارىۋىتىغا چىقىپ گېزىت كۆرۈشكە باشلىدى.

پولكوۋنىك گېزىتنىڭ ھەممە بېتىنى ئۆز تەرتىپى بىلەن ئالا قويماي ئوقۇۋاتاتتى. سائەت ئون بىر بولغاندا كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش پۇشتىكى چېلىندى. پولكوۋنىك يېرىم سائەتلەردىن كېيىن گېزىتنى كۆرۈپ بولدى ۋە قورۇنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قارا سىياھتەك كېچە قاراڭغۇلىقىدا بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن بىر ئاچا تۆۋرۈككە قارىتىپ سىيدى، شۇ ھامان ئۇزۇن پۇتلۇق پاشىلار ئۇنىڭغا غۇژژىدە يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. پولكوۋنىك ھۇجرىغا قايتىپ كىرگەندە خوتۇنى تېخى ئۇخلىمىغانىدى.

– ئۆزىڭىزگە ئوخشاش كونا ھەربىيلەر توغرۇلۇق گېزىتكە بىر نەرسە بېسىلماپتىمۇ؟- سورىدى خوتۇنى.

-ھېچنىمە بېسىلماپتۇ،- پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرگەندىن كېيىن چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئاسما كارىۋىتىغا چىقتى،- بۇرۇنلاردا ھېچبولمىسا ھەربىي سەپتىن قايتقانلىق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ تىزىملىكى بولسىمۇ بېسىلىپ تۇراتتى. بەش يىل بولۇپ قالدى، گېزىتتە بىز توغرۇلۇق ھېچنىمە بېسىلمايدىغان بولۇپ كەتتى.

      تۈن نىسپىدىن كېيىن يەنە يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ئەمدىلا شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن پولكوۋنىك قورسىقىنىڭ قاتتىق ئاغرىشىدىن ئويغىنىپ كەتتى. ئۆينىڭ بىر يېرىدىن يامغۇر ئۆتۈۋاتاتتى. پولكوۋنىك ئەدىيالغا ئورىنىپ، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يامغۇر ئۆتۈۋاتقان يەرنى تاپماقچى بولدى. سوغۇق تەر تامچىلىرى ئۇنىڭ غولىنى بويلاپ تۆۋەنگە سىرغىيتى. قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغان پولكوۋنىك ئۆزىنى يار يىلىم كۆيىۋاتقان كۆلچەكتە تۇرىۋاتقاندەك، سانسىز چەمبەرلەر ھاسىل بولغان سۇ يۈزىدە لەيلەپ كېتىۋاتقاندەك سەزدى. شۇ ئارىدا كىمدۇر بىرى گەپ قىلغاندەك بىلىندى. پولكوۋنىك ئىنقىلاب قىلغان دەۋرىدە ئىشلەتكەن كارىۋىتىدا يېتىپ ئۇ ئادەم بىلەن پاراڭلاشتى.

– كىم بىلەن گەپلىشىۋاتىسىز؟- سورىدى خوتۇنى

– بىر ئەنگىلىيلىك بىلەن. ئۇ ئىلگىرى پولكوۋنىك ئورېلىئانو بۇئېندىيەنىڭ ھەربىي لاگېرىدا يولۋاس سىياقىدا پەيدا بولغانىدى،- پۈتۈن بەدىنى ئوتتەك قىزىپ كەتكەن پولكوۋنىك ئۆرۈلۈپ دۈم بولدى،- كېنەز مالبورو شۇ.

ئەتىگىنى پولكوۋنىك ھارغىنلىق، بىسەرەمجانلىق ئىلكىدە ئويغاندى. ئىككىنچى قېتىملىق ئىبادەتكە قوڭغۇراق چېلىنغاندا، ئاسما كارىۋىتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ يەنە ئاشۇ پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتۇلالمىدى، كاللىسىنى سۇ يۈزىدىكى ئاشۇ چەمبىرەكلەر ئارىسىدا ئايلىنىۋاتقاندەك سەزدى. ئاخىر كۆڭلى ئېلىشىپ تۇرغان پولكوۋنىك ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىقتى، ئاندىن ئۇششاق ھاشارەتلەرنىڭ چىرىلداشلىرى ئىچىدە يامغۇرنىڭ نەمخۇش ھىدىنى پۇرىغىنىچە ھاجەتخانا تەرەپكە ماڭدى. ياغاچ شال بىلەن توسۇلۇپ ئۆگزىسى سېنىك نەركە بىلەن يېپىلغان ھاجەتخانىنىڭ ئورىكىدىن چىقىۋاتقان سېسىق پۇراق ھاۋانى بۆلەكچىلا قىلىۋەتكەنىدى. پولكوۋنىك ئورەكنىڭ قاپقىقىنى ئېچىشىغا ئىچىدىن بىر توپ روچىۋىن غۇژۇلداپ چىقتى.

ئورۇنسىز ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغان پولكوۋنىك سۈرتۈلمىگەن شال ئۈستىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا، قەلبى چۈشىنىكسىز بىر خىل بىسەرەمجانلىق ئىلكىدە قالدى، بۇ خىل ھېسىياتتىن ئاشقازىنىنىڭ مۇجۇپ ئاغرىشىنى ئۇنتۇپ كەتتى.

-ھەر قېتىملا شۇنداق،- پولكوۋنىك ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلىدى،- ئۆكتەبىر كىرسىلا مۇشۇنداق بولۇپ قالىمەن.

پولكوۋنىك ئاغرىقلىرى بېسىلغاندىن كېيىنلا خورىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ھۇجرسىغا قايتىپ كىردى.

     -كېچىچە قىزىپ سۆزلەپ چىقتىڭىز،- دېدى خوتۇنى.

     بىر ھەپتە قاتتىق ئاغرىپ ئەمدى ئەسلىگە كېلىپ قالغان ئايالى ئۆي يىغىشتۇرىۋاتاتتى. پولكوۋنىك ئاخشامقى ئىشلارنى ئەسلەشكە تىرىشىپ باقتى.

-قىزىمىدىم،- دېدى ئۇ خوتۇنىنى ئالداپ،- ئۆمۈچۈك تورىنى چۈشەۋېتىپ گەپ قىلغان بولسام كېرەك.

خوتۇنى بۇ قېتىممۇ كېسەلدىن قوپۇپ خېلى روھلۇق بولۇپ قالغانىدى. ئۇ چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىنى ئۆينى ئوڭتەي- توڭتەي قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى. ئاسما سائەت بىلەن نازنىننىڭ رەسىمىگىلا قول تەگكۈزمىدى. قورايدەك ئورۇق، ئەمما ھەرىكىتى چەبدەس بۇ ئايال پۇتىغا ساپما كەشنى، ئۇچىسىغا تۈگمىلىرى  مەھكەم ئېتىلگەن قارا كىيىمنى كىيىپ ماڭغاندا، كىشىگە ھېلىلا تامنى تېشىپ ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.كېسەل ياتقان ۋاقىتلىرىدا بەئەينى  ئىسكىلىتكىلا ئوخشاپ قالاتتى. ئۇ ئەمدىلىكتە كۈزلۈك تاشئالما تىكىلگەن گۈل تەشتەكلىرى ئارىسىدا پايپېتەك بولۇشقا باشلىدى.

ـ ئاۋگوستىن ھايات بولغان بولسا، مەن ناخشا ئېيتىپ بېرەتتىم،- دېدى ئۇ قازاندىكى يېمەكلىكنى ئىلەشتۈرىۋېتىپ.

-ناخشا ئېيتقۇڭىز كەلسە ئېيتىڭ،- دېدى پولكوۋنىك،- غەم باسقان چاغلاردا ناخشا ئېيىتسا ئادەمنىڭ كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن دوختۇر كەلدى. پولكوۋنىك خوتۇنى بىلەن ئاشخانىدا قەھۋە ئىچىپ ئولتۇراتتى. دوختۇر دەرۋازىنى ئېچىپ ۋارقىرىدى:

ـ بىمارلارنىڭ ھەممسى ئۆلدى.

پولكوۋنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ دوختۇرنىڭ ئالدىغا چىقتى.

ـ توغرا ئېيىتتىڭىز، دوختۇر،- دېدى ئۇ تۆر ئۆي تەرەپكە مېڭىۋېتىپ،- مەن دائىم ئيېتىمەنغۇ، سائىتىڭىز تازقارانىڭ سائىتى بىلەن تەڭ ماڭىدىكەن دەپ.①

پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى بەدىنىنى تەكشۈرتۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش ئۈچۈن ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى. دوختۇر بىلەن پولكوۋنىك تۆر ئۆيدە قالدى. ھاۋا شۇنچە دىمىق بولسىمۇ، دوختۇرنىڭ كاناپ رەخىتتىن تىكىلگەن پاكىز كىيمىدىن نەمخۇش، سالقىن بىر ھىد كېلەتتى. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى تەييارلىقىنىڭ پۈتكەنلىكىنى ئېيىتقاندا، دوختۇر بىر كونۋېرتتىكى ئۈچ قىسقا خەۋەر بېسىلغان قەغەزنى پولكوۋنىكقا بەردى ۋە ھۇجرىغا كىرىپ كېتىۋېتىپ:

-بۇنىڭدا تۈنۈگۈنكى گېزىتتە تىلغا ئېلىنمىغان خەۋەرلەر بار ئىكەن،- دېدى.

پولكوۋنىك بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى  دەرھال پەملىدى. شاپىگرافتا بېسىلغان، دۆلەتنىڭ يېقىندىن بۇيانقى چوڭ ئىشلىرى تىلغا ئېلىنغان بۇ ئۇنىۋېرسال ماتىريال قولدىن- قولغا مەخپىي ئۆتۈپ كېلىۋاتاتتى. ماتىريالغا ئىچكى قوراللىق توقۇنۇشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى يېزىلغان بولسىمۇ، پولكوۋنىك ئۇنىڭغا پەقەتلا قىزىقمىدى. چۈنكى، يەر ئاستى ئاخباراتلىرى كىشىلەرگە بارغانسىرى ئەنسىزلىشىپ كېتىۋاتقان جاھان توغرۇلۇق ھېچقانداق ئۇچۇر بېرەلمەيتتى. پولكوۋنىك ماتىريالنى تولۇق كۆرۈپ بولغاندا، دوختۇر تۆر ئۆتگە قايتىپ چىقتى.

ـ خوتۇنىڭىزنىڭ سالامەتلىكى مېنىڭكىدىنمۇ ياخشىكەن،- دېدى دوختۇر،-ناۋادا مەنمۇ خوتۇنىڭىزدەك زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسام، يۈز ياشقىچە ياشاشنىڭ تەييارلىقىنى كۆرۈپ بولغان بولار ئىدىم.

پولكوۋنىك ھەسىرەت ئىچىدە دوختۇرغا يالىتتىدە قاراپ قويۇپ، كونۋېرتنى ئۈندىمەي قايتۇرۇپ بەردى. ئەمما، دوختۇر ئالغىلى ئۇنىمىدى.

-باشقىلارغا كۆرگىلى بېرىڭ!- دېدى دوختۇر شىۋىرلاپ دېەۈدەك.

پولكوۋنىك كونۋېرتنى ئىشتىنىڭ يانچۇقىغا سالدى. شۇ .ەسنادا خوتۇنى ھۇجرىدىن چىقىپ:ل

ـ دوختۇر، بىر كۈنلەردە ئۆلۈپ- تارتىپ قالسام، دوزاخقا سىزنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتىمەن جۇمۇ،- دېدى.

دوختۇر جاۋاب ئورنىدا سەدەپتەك ئاپئاق، رەتلىك چىشلىرىنى كۆرسىتىپ جىممىدە كۈلۈپ قويدى، بىر ئورۇندۇقنى سۈرۈپ ئەكىلىپ كىچىك شىرەنىڭ ئۇدۇلىغا قويدى ۋە ساندۇقىدىن بىر نەچچە قۇتا ھەقسىز دورا ئالدى. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ئۇنىڭ يېنىدىن ئاشخانىغا ئۆتتى.

ـ سەل تەخىر قىلىڭ، سىزگە قەھۋە ئىسىتىپ ئەكىرەي.

ـ بولدى، ھاجىتى يوق، رەھمەت،- دېدى دوختۇر رېتىسىپقا دورا يېزىۋېتىپ،- ماڭا زەھەر بېرىۋەتسىڭىز قانداق قىلىمەن.

پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ئاشخانىدا تۇرۇپ كۈلدى. دوختۇر يازغان رېتىسىپنى ئۈنلۈك ئوقۇدى. چۈنكى، ئۇنىڭ يازغان نەرسىسىنى ھېچكىم ئوقۇيالمايتتى. پولكوۋنىك دىققىتىنى بىر يەرگە يىغىشقا تىرىشىۋاتاتتى. شۇ چاغدا خوتۇنى ئاشخانىدىن چىقىپ ئېرىنىڭ چىرايىنىڭ تۆنۈگۈنكىدەكلا سۇلغۇنلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

ـ ئۇ ئەتىگەندىلا قىزىپ قالدى،- دېدى ئۇ دوختۇرغا ئېرىنى كۆرسىتىپ،- ئىچكى ئۇرۇش توغرىسىدا ئىككى سائەتتەك جۆيلىدىغۇ دەيمەن.

پولكوۋنىك چۆچۈپ كەتتى.

ـ قىزىمىدىم،- پولكوۋنىك ئۆزىگە كىلىپ گېپىدە چىڭ تۇردى،- بۇنىڭدىن بشقا،- ئۇ يەنە قوشۇپ قويدى،- كۈنلەرنىڭ بىرىدە پەقەتلا بولالماي قالسام، ھېچكىمگە ئاۋارىگەرچىلىك كەلتۈرمەي ئەخلەت ساندۇقىدا جىممىدە يېتىپ قالامدىمەنمىكىن دەيمەن.

پولكوۋنىك گېزىتنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى.

ـ كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت،- دېدى دوختۇر.

ئۇلار مەيدان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ھاۋا شۇنچىلىك ئىسسىق، ئاسفالىت يوللار ئېرىپ مىچىلداشقا باشلىغانىدى. پولكوۋنىك دوختۇر بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا، چىشىنى چىشلەپ ئاستاغىنا:

ـ سىزگە قانچىلىك قەرز بولدۇم، دوختۇر،- دەپ سورىدى.

ـ بۇنى ھازىرچە دېيىشمەيلى،- دېدى دوختۇر ۋە مۈرىسىگە يېنىك شاپىلاقلاپ قويدى،-توخۇ سوقۇشتۇرۇشتا ئۇتقان چېغىڭىزدا، سىزدىن بىر مۇنچە پۇل ئۈندۈرىۋالىمەن تېخى.

پولكوۋنىك ماشىنچىخانىغا بېرىپ ئاۋگوستنىڭ دوستلىرىغا ھېلىقى مەخپىي خەتنى بەردى. سەپداشلىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن ياكى بازاردىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ماشىنچىخانا پولكوۋنىكنىڭ بىردىنبىر پاناھلىنىدىغان جايى بولۇپ قالغانىدى. ئۇمۇ شۇنداق غېرىب، بىچارە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانىدى. ھەر جۈمە كۈنى ئۆزىگە خەت كېلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ قىلىدىغان باشقا ئىشى يوق ئىدى.

چۈشتىن كېيىنكى دىمىق ھاۋادا پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى يەنە روھلىنىپ قالدى. ئايال كارىدوردىكى تاش ئالمىلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ئولتۇردى ۋە ئەسكى- تۈسكى كىيىملەر قاچىلانغان يەشىكنى يېنىغا قويۇپ، يەنە ئۆزى دائىم ھەلەك بولىدىغان مۆجىزە خاراكتىرلىق ئىشى- ئەسكى – تۈسكى لاتىلارنى قۇراشتۇرۇپ يېڭى كىيىم قىلشقا تۇتۇندى. ئەسكى چاپاننىڭ يېڭىنى ياقىغا، غول تەرەپكە كېلىدىغان رەخىتنى يەڭگە ئالماشتۇردى، ھەتتا ئالا- بۇلىماچ قۇراق لاتىلارنىمۇ تاشلىۋەتمەي ئەپلەپ – سەپلەپ قوراشتۇرىۋالدى. ھويلىدا تومۇزغا توختىماي  چىرىلداۋاتاتتى.قۇياش ئالىبۇرۇن تاغقا باش قويغانىدى. ئەمما ئايال كەچكى قوياشنىڭ تاشئالما ئۈستىگە چۈشۈۋاتقان ئاداققى نۇرلىرىنى كۆرمەيتتى. ئۇ شۇ ئىشلىگىنىچە پولكوۋنىك كەچقۇرۇن قايتىپ كەلگەندىلا بېشىنى كۆتۈردى ۋە گەدىنىنىڭ بۇلجۇڭ گۆشلىرىنى ئۇۋلىغاچ:

ـ كاللام تاشتەك قاتتىقلا بولۇپ قالدى،- دېدى.

ـ سىزنىڭ كاللىڭىز بۇرۇدىنلا شۇنداق ئىدى،- پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ رەڭگارەڭ پۇرۇچ لاتىلارنىڭ ئارىسىغا چۆكۈپ ئولتۇرغۇنىنى كۆرۈپ قوشۇپ قويدى،- جاڭگال دۇمباقچىسىنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشاپ قاپسىزغۇ.

ـ بۇنى كىيسىڭىز سىزمۇ يېرىم جاڭگال دۇمباقچىسىغا ئوخشاپ قالىسىز،- پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى شۇنداق دېگىنىچە ئۈچ خىل رەڭدىكى لاتا- پىتىلاردىن قۇراشتۇرۇلغان بىر كۆڭلەكنى ئېرىنىڭ ئالدىغا يايدى. كۆڭلەكنىڭ ياقىسى بىلەن يېڭىلا بىر خىل لاتىدا يامالغانىدى،- ئەمدى بۇ كۆڭلىكىڭىزمۇ پۈتتى. شادلىق بايرىمىدا چاپىنىڭىزنى كىيمىسىڭىزمۇ بولىدىغان بولدى.

قوڭغۇراق سائەت ئالتە بولغانلىقىدىن دالالەت بېرىپ ئالتە قېتىم چېلىندى. گېپى ئوتتۇرىدىن ئۈزۈلگەن ئايال:

ـ خۇدا ئەۋەتكەن پەرىشتە بۈۋى مەريەم ئانا،!- دەپ تىلاۋەت قىلغىنىچە كۆڭلەكنى ئېلىپ ھۇجرىغا قاراپ ماڭدى. پولكوۋنىك مەكتەپتىن قويۇپ بېرىشى بىلەنلا خورازنى كۆرىمىز دەپ ئۇچۇپ كېلىدىغان بالىلار بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. بىر پەستىن كېيىن ئەتە خورىزىغا بېرىدىغان كۆممىقۇناقنىڭ يوقلۇقىنى ئېسىگە ئېلىپ ھۇجرىغا كىردى ۋە خوتۇنىدىن پۇل سورىدى.

ـ مەندە بەش تەڭگىلا پۇل قالدى.

ئايال پورتماننى قولياغلىققا چىگىپ كىرلىكنىڭ قېتىغا تىقىپ قويغانىدى. توققۇز ئايدىن بېرى بۇ ئەر- خوتۇن ئاشۇ پوترماندىكى ئوغلى ئاۋگوستنىڭ تىككۈچىلىك ماشىنىسىنى سېتىپ ئېشىپ قالغان ئازغىنا پۇلنى سېنىت- سېنىتلاپ خەجلەپ ئۆزلىرى ۋە خورىزىنىڭ زۆرۈر چىقىملىرىنى قامداپ كېلىۋاتاتتى. پورتماندا پەقەت ئىككى مولۇق تەڭگىدىن ئىككىسى، بىر مولۇق تەڭگىدىن بىرسىلا قالغانىدى.

ـ يېرىم قاداق كۆممىقۇناق ئېلىڭ،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىكقا،- ئاشقان پۇلغا ئەتىگە ئازراق قەھۋە، تۆت ئۇنسىسىيە پىشلاق ئالارسىز.

ـ يەنە تېخى تامغا ئاسىدىغان ھەيكەل ئېلىشىم كېرەك،- دېدى پولكوۋنىك،- كۆممىقۇناق ئېلىشقىلا تۆت تەڭگە ئىككى سېنىت پۇل كېتىدۇ.

ئەر خوتۇن ئىككىيلەن بىردەم ئۆزىنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالدى.

ـ توخۇ دېگەن ھايۋان، كۈتۈپ تۇرسا بولىۋېرىدۇ،- ئايال ئاۋۋال سۆز باشلىدى، ئەمما ئېرىنىڭ تەلەتىنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالدى. پولكوۋنىك كارىۋاتتا جەينىكىنى تىزىغا تىرەپ، تەڭگىنى قولىدا شاراقشىتىپ ئوينىغىنىچە ئولتۇراتتى.

ـ بۇ ئىش ماڭا باغلىق ئەمەس،- دېدى پولكوۋنىك بىر ئازدىن كىيىن،- ئەگەر ماڭا باغلىق بولغان بولسا، بۇ خورازنى بۈگۈن ئاخشاملا قازانغا باسقان بولاتتىم. ئەللىك پىسو خەجلەپ ئوبدان بىر ۋاخ تاماقلانسا نېمىدىگەن پەيزى- ھە!

پولكوۋنىك سۆشىدىن توختاپ، بوينىغا قونۇۋالغان پاشىنى پاققىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈردى، ئاندىن ئۆي ئىچىدە ئۇيان- بۇيان مېڭىپ تۇرغان خوتۇنىغا كۆزىنى ت ئۈزمەي قارىدى.

ـ بۇ بىچارە يىگىتلەرنىڭ پۇل تاپىمىز دەپ قىلىۋاتقان ئىشلىرى مېنى ئەنسىرىتىپ قويۇۋاتىدۇ. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى چۇڭقۇر ئويلانغاچ ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسى قاچىلانغان پۈركۈگۈچىنى تۇتقىنىچە ئۆينى بىر ئايلىنىپ چىقتى. پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ ئوزايىدىن ئازراق خاۋاتىرلىنىۋاتقانلىقىنى سەزدى. ئايال ئاخىر پۈركۈگۈچنى نەزىر- چىراغ سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە قويدى ۋە پولكوۋنىكنىڭ كۆزىگە جىممىدە قارىغىنىچە:

ـ كۆممىقۇناق ئېلىڭ، قالغىنىغا خۇدايىمنىڭ ئۆزى بار،- دېدى.

ـ بۇ بولكىنىڭ ئىچىدىن بولكا چىققاندەكلا بىر ئىش،- كېيىنكى ھەپتىدە ئەر خوتۇن ئىككىيلەن ھەر قېتىملىق تاماق ئۈستىدە مۇشۇ گەپنى ئېغىدىن چۈشۈرمىدى. خوتۇنى ياماقچىلىق قىلىش، لاتا- پىتىلەرنى قوراشتۇرۇشتىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەپچىل ھۈنىرى بىلەن پولكوۋنىكقا ئائىلە ئىقتىسادىنى قۇرۇق قول قامداشنىڭ ئېپىنى ئۆگىتىپ قويغاندەك قىلاتتى. ئۆكتەبىردە ئادەمنىڭ كېسەل بولۇپ قالىدىغان ۋاقتى ئۇزىراپ كېتەتتى، نەمخۇش ھاۋانىڭ ئورنىنى ئولتۇرغان ئادەمنى ھېلىلا ئۇخلىتىپ قويىدىغان دىمىق ئىسسىق ئىگىلەيتتى. قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىدا روھى خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئايال ئۇدا ئۈچ كۈندىكى چۈشتىن كېيىنلىك ۋاقتىنى سالۋاراپ كەتكەن چاچلىرىنى تاراش، ئۆزىنى ياساش بىلەن ئۆتكۈزدى.

ـ ئىبادەتنى باشلايدىغان ۋاقىت بولدى،- پولكوۋنىك تۇنجى كۈنى چۈشتىن كېيىن خوتۇنى ئۇيەر – بۇيېرىنىڭ چىشلىرى سۇنۇپ كەتكەن تارغاقتا ئۇزۇن چاچلىرىنى باستۇرۇپ تاراۋاتقاندا مۇشۇ گەپنى قىلدى. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ئەتىسى چۈشتىن كېيىن كېسىلى قوزغىلىپ قالغان چاغلاردا كۆپىيىپ قالىدىغان پىت- سىركىلەرنى سۈزگۈچ بىلەن ئادالىدى، ئۈنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن گىياھ سۈيىدە بېشىنى يۇدى ۋە چېچىنى قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن چوققىسىغا ئىككى ئۆرۈم قىلىپ تۈرمەكلىدى. ئاندىن ئۇنى قىسقۇچ بىلەن مەھكەم قىستى. پولكوۋنىك خوتۇنىنى كۈتۈپ تۇراتتى. شۇ كېچىسى ئۇ خورىزىنىڭ غېمىنى قىلىپ كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقتى. لېكىن چارشەنبە كۈنى ئاۋگوسىتتىننىڭ دوسلىرى كېلىپ خورازنى جىڭلىدى. خورازنىڭ ئېغىرلىقى ئۆلچەمگە توشاتتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇلار توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىدا ئۆتۈشنىڭ پىلانىنى سوقۇپ خورازنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندە، پولكوۋنىك ئېيىتقۇسىز رازىمەنلىككە چۆمدى. خوتۇنى ئۇنىڭ چېچىنى ياساپ قويدى.

ـ مېنى يىگىرمە ياش ياشارتىۋەتتىڭىز جۇمۇ،- دېدى پولكوۋنىك بېشىنى سىلاۋېتىپ.

خوتۇنىغا ئېرىنىڭ گېپى ئورۇنلۇقتەك بىلىندى.

ـ سالامەتلىكىم ياخشى چاغلاردا ئۆلگەنلەرنىمۇ تىرىلدۈرىۋېتەلەيمەن تېخى،- دېدى پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى.

ئەمما، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى پەقەت بىر نەچچە سائەتلا داۋاملاشتى. تامدىكى ئاسما سائەت بىلەن نازىنىننىڭ رەسىمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆيدە ساتقۇدەك بىر نەرسە يوق ئىدى. پەيشەنبە كۈنى، قاتمۇقات قىيىنچىلىقنىڭ قايسىبىرىنى ئاۋۋال ھەل قىلىشنى بىلمەي بېشى قاتقان ئايال پەرىشانلىق ئىلكىدە ئولتۇرۇپ قالدى.

ـ بولدى، ئەنسىرىمەڭ،- دېدى پولكوۋنىك خوتۇنىغا تەسەللى بېرىپ،- ئەتە خەت كېلىدۇ.

ئەتىسى پولكوۋنىك دوختۇرنىڭ شاپاخانىسى ئالدىدا پوچتا پاراخوتىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى.

ـ بۇ ئايرۇپىلان دېگەنمۇ تازا غەلىتە نەرسىكەن،- دېدى پولكوۋنىك خەت خالتىلىرىغا كۆز ئۈزمەي قاراۋېتىپ،- ئاڭلىسام، ئۇنىڭغا چۈشسە بىر كېچىدىلا ياۋرۇپاغا بارغىلى بولىمىشقۇ.

ـ شۇنداق،- دېدى دوختۇر بىر رەسىملىك ژورنال بىلەن ئۆزىنى يەلپۈۋېتىپ.

پولكوۋنىك پوچتىكەشنىڭ پاراخوتنىڭ قىرغاققا يېقىنلىشىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بىر توپ ئادەمنىڭ ئارىسىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى. پوچتىكەش پاراخوتقا بىرىنچى بولۇپ سەكرەپ چىقىپ، كاپىتاننىڭ قولىدىن پوچتا تامغىسى بېسىلغان بىر پارچە خەتنى ئالدى ۋە پاراخوتنىڭ تۈۋرۈكىگە يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى.

ـ ئەمما ئايروپىلاننىڭ خەتىرى يوقكەن،- پولكوۋنىك گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ پوچتىكەشنى كۆزىدىن يۈتتۈرۈپ قويدى.  ئەمما ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى پوچتىكەشنى سوغۇق ئىچىملىكلەر شىرەسىدىكى رەڭگارەڭ قۇتىلار ئارىسىدىن ئوڭايلا تېپىۋالدى،- ئىنسانىيەتتە خېلى زور تەرەققىياتلار بولۇۋېتىپتۇ جۇمۇ.

ـ ئايروپىلان پاراخوتتىنمۇ بىخەتەر،- دېدى دوختۇر،- ھەرقانداق بوران- چاپقۇنغا ئۇچرىغان ئەھۋالدىمۇ يىگىرمە مىڭ ئىنگلىزچسى ئېگىزلىكتە خاتىرجەم ئۇچالايدۇ.

ـ يىگىرمە مىڭ ئىنگلىزچىسى دەمسىز؟- پولكوۋنىك مەڭدىگىنىچە دوختۇرنىڭ گېپىنى تەكرارلىدى. ئۇ بۇ ساننىڭ مەنىسىنى تېخى .اڭقىرىپ كېتەلمىگەنىدى.

دوختۇر روھلۇق ھالدا رەسىملىك ژورنالنى يېيىېپ تۈزلىدى.

ـ ۋاراقلىرى ئەمدى يېپىلىپ كەتمەيدىغان بولدى،- دېدى دوختۇر.

ئەمما پولكوۋنىكنىڭ ئەس- يادى پوچتىكەشتە ئىدى. ئۇ پوچتىكەشنىڭ گاز سۈيىنى راھەتلىنىپ ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆردى. پوچتىكەشنىڭ ئوڭ قولىدا خەت خالتىسى بار ئىدى.

ـ يەنە تېخى دېڭىزدا توختىغان پاراخوتلار كېچىلىرى ھاۋادا ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلان بىلەن خەۋەرلىشىپ تۇرىدىكەن،- دېدى دوختۇر گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- شۇنچە جىق مۇداپىئە تەدبىرلىرى قوللىنىلغاندىكىن، ئايروپىلان پاراخوتتىن ئەلۋەتتە بىخەتەر بولىدۇ- دە!

پولكوۋنىك دوختۇرغا لاپپىدە قاراپ قويدى.

ـ ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ،- دېدى ئۇ،- بەلكىم تازا سىلىق ئۇچىدىغاندۇ.

پوچتىكەش ئۇلار تەرەپكە كېلىشكە باشلىدى. پولكوۋنىك ھەرقانچە قىلسىمۇ باسقىلى بولمايدىغان ئاجايىپ بىر تاقەتسىزلىك ئىلكىدە كونۋېرتلارغا يېزىلغان ئىسىملارنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن ئىىتىيارسىز كەينىگە بىر نەچچە قەدەم داجىدى. پوچتىكەش خەت خالتىسىنى ئېچىپ، بىر باغلام گېزىتنى دوختۇرغا بەردى، ئاندىن شەخسىي خەتلەر سېلىنغان چوڭ كونۋېرتنى يىرتىپ، ئەۋەتىلگەن خەتلەرنىڭ ئادرېسغا سەپسالدى ۋە خەت ئىگىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئوقۇشقا باشلىدى. دوختۇر گېزىتنى ئاچتى:

ـ يەنە شۇ سۇۋەيىش قانىلى مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپتۇ،- دېدى دوختۇر كۆزىگە چېلىقىدىغان ماۋزۇلارغا قاراپ چىققاندىن كېيىن،- غەرب تەرەپ بۇ زىمىننى قولدىن بېرىپ قويۇپتۇ.

« ئاشقازان كېسىلىم قوزغىلىپ كەتمىگىيدى» دەپ ئەنسىرەپ تۇرغان پولكوۋنىك گېزىتتىكى ماۋزۇلارغا قارىمىدى.

ـ ئاخبارات خەۋەرلىرى قاتتىق تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن گېزىتكە ياۋرۇپادىن باشقا جايلار توغرۇلۇق بىر نەرسە بېرىلمەيدىغان بولدى،- دېدى پولكوۋنىك،- ياۋرۇپالىقلار بۇ يەرگە كېلىپ باققان، بىز ياۋرۇپاغا بېرىپ باققان بولساق ياخشى بولاتتى. بۇنداق بولغاندا بۇ دۆلەتتە بولۇۋاتقان ئىشلاردىن ھەممە ئادەم خەۋەر تاپالايتتى.

ـ ياۋرۇپالىقلارنىڭ نەزەرىدە جەنۇبىي ئامېرىكا قولىغا گىتار بىلەن تاپانچا ئالغان بومبا ساقال ئادەمگىلا ئوخشايدۇ،- دېدى دوختۇر گېزىتكە چىققان نەرسىلەرنى زاڭلىق قىلىۋېتىپ،- ئۇلار بۇ مەسىلىنى چۈشەنمەيدۇ.

پوچتىكەش دوختۇرغا بىر پارچە خەت بېرىپ، قالغان خەتلەرنى خالتىغا سالدى ۋە خالتىنىڭ ئاغزىنى بوغدى. دوختۇر خەتنىڭ ئاغزىنى ئېچىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال پولكوۋنىكقا، ئاندىن پوچتىكەشكە قاراپ قويدى.

ـ پولكوۋنىكقا  ھېچنىمە يوقمىكەن؟

پولكوۋنىك قورقونچ ئىلكىدە قالدى. پوچتىكەش خالتىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ، پىيادىلەر يولىغا چىقتى ۋە كەينىگىمۇ قارىماستىن جاۋاب بەردى:

ـ پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ.

پولكوۋنىك بۈگۈن ئادەتتىكىدەك ئۆيىگە ئۇدۇل قايتماي، ماشىنچىخانىدا ئازراق قەھۋە ئىچىپ ئولتۇردى. ئاۋگوستننىڭ دوسلىرى گېزىت كۆرۈۋاتاتتى. قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن پولكوۋنىك ئەسلىدە خوتۇنىنىڭ ئالدىغا قۇرۇق قول بېرىشقا يۈزى چىدىماي، ماشىنچىخانىدا كىلەر جۈمە كۈنىگىچە تۇرماقچى بولغانىدى، ئەمما ماشىنچىخانىنىڭ ئىشىكى ئېتىلگەندە، يەنە ئاچچىق رېئاللىققا تەن بېرىشكە مەجبۇر بولدى. خوتۇنى ئۆيدە ئۇنى كۈتۈپ ئولتۇرغانىدى.

ـ ھېچنىمە يوقكەن؟- سورىدى خوتۇنى.

ـ ھەئە،- دېدى پولكوۋنىك.

كېيىنكى جۈمە كۈنى پولكوۋنىك پوچتا پاراخوتىنى كۈتۈش ئۈچۈن يەنە پورتقا كەلدى. ئەمما يەنە ئۆيىگە قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى.

ـ ئەمدى شۇنچە كۈتكىنىمىز يېتەر،- دېدى كەچلىكى خوتۇنى پولكوۋنىكقا،- بىر پارچە خەت ئۈچۈن ئون بەش يىل كۈتتۇق. لېكىن، سىزدىكى سەۋرچانلىق بولمىسىمۇ بولمايتتى.

پولكوۋنىك ئاسما كارىۋىتىغا چىقىپ گېزىت كۆرۈشكە باشلىدى.

ـ سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈش نۆۋىتى بىزگە كەلگەن ئاشۇ كۈنى،- دېدى پولكوۋنىك،- بىزنىڭ نومۇرىمىز 1823 ئىدى.

ـ بىز كۈتۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بۇ نومۇر لاتارىيە بېلىتىدە ئىككى قېتىم كۆرۈلدى،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىكنىڭ گېپىگە رەددىيە بېرىپ.

پولكوۋنىك ئادىتى بويىچە گېزىتنىڭ ھەممە بېتىنى، ئېلانىنىمۇ قالدۇرماي تولۇق ئوقۇپ چىقتى. ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇ زېھنىنى يىغالمىدى. ەېزىت ئوقۇۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئۇنىڭ خىيالى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلىك ياردەم پۇلى ئېلىشتا ئىدى. ئون توققۇز يىل ئىلگىرى ھەربىي سەپتىن چېكىنىش قانونى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن پولكوۋنىك ئالدى بىلەن ھەربيدىن چېكىنگەنلىك ياردەم پۇلى ئېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويغانىدى. ئارىدىن ئون تۆت يىل ئۆتۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئىسمى ئاران ياردەم پۇلى ئالغۇچىلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى ۋە ئالاقە كەلدى. بۇ پولكوۋنىك تاپشۇرىۋالغان ئاخىرقى خەت بولۇپ قالدى.

پولكوۋنىك كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش پۇشتىكى چېلىنغاندىن كېيىنلا گېزىتنى كۆرۈپ بولدى ۋە چىراغنى ئۆچۈرمەكچى بولۇۋېتىپ خوتۇنىنىڭ تېخى ئۇخلىمىغانلىقىنى سەزدى.

ـ گېزىتتىن قىيىۋالغان ەرسىلەرنى ھېلىھەم ساقلاۋاتامسىز؟

خوتۇنى ئويلىنىپ قالدى.

ـ ھەئە، باشقا قەغەزلەر بىلەن بىر يەرگە قويغان بولسام كېرەك.

پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى پاشىلىقتىن چىقىپ ئىشكاپتىن بىر ياغاچ ساندۇقنى ئالدى. ساندۇقتا كەلگەن خەتلەر چېسلا تەرتىپى، رەت- رېتى بىلەن قويۇلغانىدى. ئايال .ادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ پولكوۋنىكنىڭ ئۇرۇش نەپىقە پۇلى ئېلىش تەلىپىگە يازغان جاۋاب خېتىنى تاپتى.

ـ سزگە ئادۋۇكاتنى ئالماشتۇرۇڭ، دەپ نەچچە قېتىم ئېيتتىم. گېپىمنى ئاڭلىغان بولسىڭىز، بۇ چاغقا ياردەم پۇلى ئېلىپ بولغان بولاتتۇق،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىكقا گېزىتتىن قىيىۋالغان نەرسىلەرنى بېرىۋېتىپ،- بىز ئۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن خەقلەر ئىندىئانلارغا ئوخشاش پۇلنى مېيىت ساندۇقىغا سېلىپ قويسىمۇ بىكار-دە. پولكوۋنىك ئىككى يىل ئىلگىرى گېزىتتىن قىيىۋالغان نەرسىلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىشىكنىڭ كەينىگە ئىلىپ قويغان كۆڭلىكىنىڭ يانچۇقىغا سالدى.

ـ يامان يېرى، ئادۋۇكات ئالماشتۇرۇشقىمۇ پۇل كېتىدۇ- دە.

ـ پۇل كەتمەيدۇ،- دېدى خوتۇنى تولىمۇ ئىشەنچلىك ئاھاڭدا،- ئۇلارغا خەت يېزىپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلىك پۇلىنى ئالغىنىمىزدىن كېيىن قانچىلىك پۇل تۇتىۋالسا رازى ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرەيلى. بۇ ئۇلارنى بۇ ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىشقا قىزىقتۇرۇشنىڭ بىردىنبىر ئامالى.

مەسلىھەتتىن كېيىن پولكوۋنىك شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئادۋۇكاتنى يوقلاپ باردى. پولكوۋنىك كىرگەندە، ئادۋوكات ئاسما كارۋاتتا ياتاتتى. ئۇ قەددى- قامەتلىك، ئېگىز نېگىر ئىدى. ئۇ ياغاچ ساپما كەشىنى كېيىپ ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۆينىڭ دەرىزىسىنى ئاچتى. دېرىزىنىڭ ئالدى تەرىپىگە چاڭ- توزان دەستىدىن كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەن بىر ئاپتۇماتىك پىئانىنو قويۇلغانىدى. پىئانىنونىڭ ئۈستىدىكى كانەي شەكلىدە تۈرمەكلەنگەن نوتا قەغىزىنىڭ ئارىلىقىغا بىر انچە كونا ھېسابات دەپتىرى ، باب- پاراگرافلىرى قالايمىقان، ئىچىگە شىلىم بىلەن « ھۆكۈمەت گېزىتى» دىن قىيىۋالغان ئۇرۇن جەدۋىلى سېلىنغانىدى. توپچىلىرى يوق بۇ كونا پىئانىنو يەنە يېزىق ئۈستىلى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلەتتى. ئادۋۇكات پۇرژۇنلۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. پولكوۋنىك كېلىش مەقسىتىنى ئېيتىپ بولغۇچە چىرايىدا تەشۋىشلىك ئىپادە ئەكىس ئەتتى.

ـ مەن سىزگە ئېيىتقان، ئۇنداق ئوڭاي ھەل بولىدىغان ئىش يوق دەپ،- پولكوۋنىك ئەمدى گېپىنىڭ يېرىمىنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغا ئادۋۇكات گەپ ئارىلاپ شۇنداق دېدىۋە ئىسسىقتا دېمى سىقىلىپ كەينىگارەك يۆلەندى، ئاندىن ئېلان يازىدىغان بىر پارچە قەغەزدە ئۆزىنى يەلپۈشكە باشلىدى،- ۋاكالەتچىم دائىم خەت يېزىپ ئۈمىدسىزلەنمەسلىك كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

ـ ۋاكالەتچىڭىزدىن ئون بەش يىلدىن بېرى شۇ گەپتىن باشقا مەزمۇندا خەت كەلمىدى،- دېدى پولكوۋنىك ئادۋۇكاتنىڭ گېپىگە قارشى چىقىپ،- بۇ ئىش پىچىۋېتىلگەن توخۇنىڭ ھېكايىسىگە ئوخشىغىلى تۇردى.

ئادۋۇكات ئىشلىرىنىڭ قانچىلىك قىيىنغا توختاۋاتقانلىقىنى پولكوۋنىكقا بىر ھازا ئېزىپ چۈشەندۈردى. بۇ نېگىرنىڭ كېلەڭسىز بەدىنىگە قارىغاندا، ئورۇندۇق بەكلا كىچىك بولۇپ قالغانىدى.

ـ ئون بەش يىل ئىلگىرىكى ۋاقىت بولسا بۇ ئىشنى بىجىرمەك ناھايىتى ئوڭايغا توختايتتى،- ددى ئادۋۇكات،- ئۇ چاغدا ئىككى پارتىينىڭ ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان شەھەرلىك پىشقەدەم ھەربىيلەر بىرلەشمە جەمئىيتى بار ئىدى،- ئۇ دىمىق ھاۋادىن چۇڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋېتى، ئۆزى ھېلىلا ئويلاپ تاپقاندەك بىر تەلەپپۇزدا قوشۇپ قويدى،- ئىتتىپاقلىق ـ كۈچ  دېمەكتۇر.

ـ ئەمما بۇ ئىشتا ھەرقانچە ئىتتىپاقلىق بولغان بىلەنمۇ بىكار،- دېدى ئۆزىنىڭ قانچىلىك غېرىبانە بىر ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغان پولكوۋنىك،- جىمى سەبداشلىرىم ئۆزىگە خەت كېلىشىنى كۈتۈپ ئۆلۈپ كەتتى.

ئادۋۇكاتنىڭ چىرايىدا ئاراقمۇ ئۆزگىرىش بولمىدى.

ـ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر قانۇنى كېچىكىپ ئېلان قىلىندى،- دېدى ئادۋۇكات،- سىز يىگىرمە يېشڭىزدىلا پولكوۋنىك بولدىڭىز، جىمى ئادەم سىزدەك تەلەيلىك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باشقا ئالاھىدە بىر تۈركۈم خىراجەت ھېسابقا كىرگۈزۈلمەي قالغاچقا، ھۆكۈمەتكە خام چوتنى تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن باشقا ئامال بولمىدى.

بۇ ئادۋۇكاتنىڭ دائىم دەيدىغان گېپى ئىدى. ھەر قېتىم شۇ گەپ تىلغا ئېلىنغاندا، پولكوۋنىكنىڭ بەكلا ئىچى پۇشاتتى.

ـ بۇ تىلەمچىلىك قىلىش ئەمەمس،- دېدى پولكوۋنىك،- ياكى بىزگە قىلىندىغان شاپائەتمۇ ئەمەس، جۇمھۇرىيەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان ئادەملەر بىز.

ـ توغرا ئېيتىسىز، پولكوۋنىك،- دېدى ئادۋۇكات قوللىرىنى يېيىپ،- بۇ جاھاندا ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ چېكى يوق.

ئادۋۇكاتنىڭ مۇشۇ خىلدىكى گەپلىرىمۇ پولكوۋنىكقا ئوبدانلا تونۇش ئىدى. ئۇ تۇنجى قېتىم بۇ گەپنى نىئللاندىيە شەرتنامىسى ئىمزالىغان كۈنىنىڭ ئەتىسى ئاڭلىغانىدى. شۇ كۈنى ھۆكۈمەت ئىنقىلابقا قاتناشقان ئىككى يۈز ئوفىستىرغا ساياھەت قوشۇمچە راسخوتى ۋە قۇتقۇزۇش پۇلى بېرىشكە ماقۇل بولغانىدى. ئاساسەن دېگۈدەك مەكتەپتىن قېچىپ چىققان ياشلاردىن تەشكىللەنگەن ئىنقىلابىي گازارما توپتوغرا ئۈچ ئاي نېئللاندىينىڭ ئاسمان پەلەك دەرەخلىرى  بىلەن قورشىلىپ تۇرغانىدى. كېيىن ئۇلار ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ داۋاملىق كۈتۈشكە باشلىدى. ئەمما ئارىدىن ئاتمىش يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، پولكوۋنىك يەنە كۈتۈشتىن قۇتۇلالمىدى.

بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلىگەندە، پولكوۋنىك قاتتىق ھاياجانلىنىپ ئۇلۇغ ئىشلارغا تۇتۇنىدىغاندەك كەسكىن ھالىتىگە قايتاتتى. ئۇ ئوڭ قولى(ھېچقانچە گۆشى يوق سۆڭەك)نى تىزىغا قويۇپ پەس ئاۋازدا:

ـ مەن ئاخىرقى قارارغا كەلدىم،- دېدى.

ئادۋۇكات ئۇنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمىدى.

ـ بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟

ـ ئادۋۇكات ئالماشتۇرماقچىمەن.

بىر ئۆردەك يۇمران سېرىق پەيلىك بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئادۋۇكاتلىق ئورنىغا كىرىپ كەلدى.

ـ ئىختىيارىڭىز،- دېدى ئاۋرۇكات،- مۆجىزە يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولسام، بۇ مال قوتىنىغا سولىنىپ ياتمىغان بولار ئىدىم.

ئادۋۇكات بىر ياغاچ شادىنى قورۇنىڭ ئىشىكىگە قويۇپ قويۇپ، يەنە ئورۇندۇقىغا ئولتۇردى.

ـ ئوغلۇم بىر ئۆمۈر ئىشلىگەنىدى،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەمما ئۆيىمىز يەنىلا گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى. ھەربىيدىن چىكىنگەنلەر قانۇنى ئادۋۇكاتلار ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تايىنىدىغان دەسمايە بولسا كېرەك.

ـ مەن ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس،- دېدى ئادۋۇكات ئېتىزار بىلدۈرۈپ،- مەن ئاخىرقى بىر سېنىت پۇلنىمۇ دىلو بېجىرىشكە خەجلىگەن ئادەممەن.

پولكوۋنىك گەپتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە ئىچىدە خىجىل بولۇپ قالدى.

ـ مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىممۇ شۇ ئىدى،- دېدى ئۇ دەرھال گېپىنى تۈزىتىپ ۋە يېڭى بىلەن پىشانىسىنى سۈرتۈپ،- ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتتى. كاللىنى قاينىتىۋەتتىغۇ.

بىر ئازدىن كېيىن ئادۋۇكات ھوقۇق ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىسپاتىنى ئىزدەپ ئۆي ئىچىنى قېزىۋەتتى. رەتلەنمىگەن ياغاچلاردىلا ياسالغان بۇ ئاددىي ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدىن كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى. ئۆينى تولۇق ئاختۇرۇپ چىققان ئادۋوكات تۇيۇقسىز يەرگە يۈكۈندى ۋە ھاسىراپ – ھۆمىدىگىنىچە ئاپتوماتىك پىئانىنونىڭ ئاستىدىن بىر باغلام ھۆججەتنى كۆتۈرۈپ قوپتى.

ـ ماۋۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ.

ئادۋوكات تامغا بېسىلغان بىر ۋاراق قەغەزنى پولكوۋنىكقا سۇندى.

ـ مەن ۋاكالەتچىمگە خەت يېزىپ ئۇلارغا بۇنىڭ قۇشۇمچە نۇسخىسىنى ئىناۋەتىسىز قىلىۋېتىشنى ئېيتاي،- دېدى ئادۋوكات ئاخىر.

پولكوۋنىك قەغەزدىكى چاڭ- توزانلارنى قېقىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنى كۆڭلىكىنىڭ يانچۇقىغا سالدى.

ئۇنى ئۆزىڭىز يىرتىۋېتىڭ!- دېدى ئادۋوكات.

ـ ياق،- دېدى پولكوۋنىك جاۋابەن،- بۇ يىگىرمە يىلنىڭ يالدامىسى.

پولكوۋنىك ئادۋوكاتنىڭ ھۆججەتلەرنى داۋاملىق ئىزدىشىنى كۈتكەنىدى، ئەمما ئادۋوكات بۇنداق قىلمىدى. ئەكىسچە ئاسما كارىۋاتنىڭ يېنىغا بېرىپ تەرىنى سۈرتتى ۋە قۇياشنىڭ ئەكىس نۇرىدا پولكوۋنىكقا يالىتتىدە قارىدى.

ـ ماڭا ھېلىقى ھۆججەتلەرنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ قايسى ھۆججەتلەرنى؟

ـ دەلىل – ئىسپاتلارنى.

ئادۋوكات قوللىرىنى يايدى.

ـ بۇ پەقەت مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك ھولۇقۇپ قالدى. ماكاندودىكى ئىنقىلابتا ئۇ بىر ھەربىي ئوفېستىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىچكى ئۇرۇش خىراجىتى قاچىلانغان ئىككى ساندۇقنى بىر خېچىرغا ئارتىپ، ئالتە كۈن پىيادە يول ماڭغانىدى. شەرتنامە ئىمزالىنىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئۇ ئاچلىقتىن ئۆلەيلا دەپ قالغان قېچىرغا مىنپ نىئېللاندىيە گازارمىسىغا يېتىپ كەلگەنىدى. ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدىكى رايونلارنىڭ ئىنقىلابىغا مەسئۇل باش قوماندان پولكوۋنىك ئورېلىئانو بۇئېندىيە ھۆججەتكە قول قويۇپ، ئىككى ساندۇق خىراجەتنى پۇل تاپشۇرۋالغانلىق دەپتىرىگە تىزىملاپ قويغانىدى.

ـ ئۇ ھۆججەتلەرنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- ئۇنىڭ ئارىسىدىكى بىر ھۆججەتكە پولكوۋنىك ئورېلىئو بۇئېندىيە ئۆز قولى بىلەن قول قويغانىدى.

ـ پىكىرىڭىزگە تامامەن قوشۇلىمەن،- دېدى ئادۋوكات،- لېكىن بۇ ھۆججەتلەر ھازىرغىچە نەچچە ئونمىڭ ئىشخانىدا نەچچە ئون مىڭ قولدىن ئۆتۈپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قايسى تارمىقىدا ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىغان ھالغا بېرىپ قالغاندۇ.

ـ بۇنداق ھۆججەتنى ھېچقانداق بىر ئەمەلدار ئوقۇمايلا قولدىن قولغا ئۆتكۈزىۋەتمەيدۇ،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ لېكىن يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلدارلار قانچە قېتىم ئالماشقاندۇ،- دېدى ئادۋوكات گەپنى بۆلۈپ،- ئويلاپ باقمامسىز، ھازىرغىچە يەتتە زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىچكى كابىېنتنى ئاز دېگەندە ئون قېتىم ئالماشتۇرغاندۇ. ھەربىر مىنىستىر قول ئاستىدىكىلەرنى ئاز دىگەندە يۈز قېتىم يەڭگۈشلىگەندۇ.

ـ  ئەمما ئۇ ھۆججەتلەرنى ھېچكىم ئۆيىگە ئېلىپ كەتمەيدۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- يېڭى تەينىلەنگەن ھەربىر ئەمەلدار ئۇ ھۆججەتلەرنى ئەسلىدىكى ئورنىدىن ئىزدىشى كېرەك.

ئادۋوكاتنىڭ ئاچچىقى كەلدى.

ـ بۇ ھۆججەتلەرنى ھازىر مىنىستىرلىقتىن تېپىپ چىققان تەقدىردىمۇ، كىيىنكى قېتىمدىلا تىزىملىككە كىرگۈزگىلى بولىدۇ- دە.

ـ ھېچقىسى يوق،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ بۇ بىر نەچچە ئەسىردىن كېيىن بولىدىغان ئىش.

ـ كېرەك يوق. ئالدىرىغان يولدا قالار دەيدۇ ئەمەسمۇ.

پولكوۋنىك قەغەز، قەلەم، سىياھ ۋە سىياھ سۈمۈرىدىغان قەغەز ئېلىپ تۆر ئۆيدىكى كىچىك شىرەنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە خوتۇنى بىلەن بىرەر ئىشنى مەسلىھەتلىشىشكە توغرا كېلىپ قالسا ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن ھۇجرىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قويدى. خوتۇنى تىلاۋەت قىلىپ ئولتۇراتتى.

ـ بۈگۈن چىسلاغا نەچچە؟

ـ ئۆكتەبىرگە يىگىرمە يەتتە.

پولكوۋنىك خەت يېزىشقا تۇتۇندى. تۆر ئۆينىڭ ئىشىكى ئېتىك بولغاچقا، دىمىق ئىسسىققا چىداپ تۇرغىلى بولمايتتى. بىر تامچە تەر پولكوۋنىك خەت يېزىۋاتقان قەغەزگە ئېقىپ چۈشتى. پولكوۋنىك ئۇنى سىياھ سۈمۈرگۈچكە ئىچۈرگەندىن كېيىن، تەردە تۇتۇق بولۇپ قالغان خەتلەرنى سۈرتمەكچى بولىۋېدى، ئويلىمىغان يەردىن قەغەز سىياھتا بويىلىپ كەتتى. پولكوۋنىك ئاچچىقلىماي« دىققەت قىل» دېگەن مەنىدە بىر بەلگە يازدى ۋە ئۇنىڭ يېنىغا:« ئىگىلەشكە تېگىشلىك ھوقوق» دەپ قوشۇپ قويدى، ئاندىن يازغانلىرىنى باشتىن- ئاياغ ئوقۇپ چىقتى.

ـ مەن قايسى كۈنى تىزىملىككە كىرگەنتىم؟

خوتۇنى بىر ئاز ئويلىنىپ:

ـ 1949- يىل 12- ئاۋغۇسىت،- دېدى ۋە تىلاۋېتىنى داۋاملىق ئوقۇشقا باشلىدى.

بىر ئازدىن كېيىن يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. پولكوۋنىك ئۆزىگە خەت يېزىشنى ئۆگەتكەن مانارې مەكتىپىدىكى ھېلىقى مۇئەللىمگە ئوخشاش يوغان- يوغان خەتلەر بىلەن بىردەمدە بىر ۋاراق قەغەزنى تولدۇردى، كېيىن يەنە يېرىم بەتتەك يېزىپ ئاخىرىغا ئىمزاسىنى قويدى.

پولكوۋنىك يازغان خېتىنى خوتۇنىغا ئوقۇپ بەردى. پولكوۋنىك ھەربىر جۈملە سۆزنى ئوقۇغاندا،خوتۇنى باش لىڭشىتىپ تەستىقلاپ تۇراتتى. خەت ئوقۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن پولكوۋنىك كونۋېرتنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ چىراغنى ئۆچۈردى.

ـ بولمىسا بۇنى بىرەرسىگە دەپ ماشىنكىدا ئۇردۇرۇۋېتىڭ.

ـ ياق،- دېدى پولكوۋنىك،- خەققە يالۋۇرۇشتىن جاق تويۇپ كەتتىم.

پولكوۋنىكقا ساق يېرىم سائەتكىچە يامغۇر ئۆگزىدىكى پالما يوپۇرمىقىنىڭ ئۈستىگە يېغىۋاتقاندەك، بازار يامغۇر ئاستىغا غەرق بولغاندەك تويۇلدى. كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش پۇشتىكى چېلىنغاندىن كېيىن ئۆينىڭ بىر يېرىدىن يامغۇر ئۆتۈشكە باشلىدى.

ـ بۇ ئىشنى بۇرۇنراق قىلىدىغان گەپتى،- دېدى خوتۇنى،- يەنىلا ئۆزىڭىز بېرىپ پاراڭلاشقىنىڭىز ياخشىمىكىن.

ـ ھەرقانداق ئىشنى قول سېلىپ ئىشلىسەكلا كېچىككەن بولمايمىز،- دېدى پولكوۋنىك،-يامغۇر ئۆتكەن يەرگە قاراۋېتىپ،- ئۆيىمىزنىڭ گۆرۈ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن بەلكىم ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتەر.

ـ ئۇنىڭغا تېخى يەنە ئىككى يىل بار،- دېدى خوتۇنى.

پولكوۋنىڭ چىراغنى يېقىپ يامغۇر ئۆتۈۋاتقان يەرنى تاپتى ۋە خورىزى دان يەيدىغان داسنى يامغۇر چۈشۋاتقان يەرگە قويۇپھۇجرىغا قايتىپ كىردى. ئارقىدىن خېلىغىچە يامغۇر تامچىسىنىڭ تىرىسلاپ چۈشىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇردى.

ـ ئۇلار پۇل تېپىش ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ ئىشنى بىرىنچى ئايدىن بۇرۇن ھەل قىلىۋېتىشى مۇمكىن،- دېدى پولكوۋنىك ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ،- ئۇ چاغدا ئاۋگوستنىڭمۇ يىلى توشىدۇ، بىزمۇ ۆىنوخانىغا بارالايمىز.

خوتۇنى پىخىلداپ كۈلدى:

ـ مەن ھازىر كارتون فىلىملىرىنىمۇ ئېسىمدە تۇتالمايدىغان بولۇپ قالدىم.

پولكوۋنىك پاشىلىقنىڭ ئىچىدىن خوتۇنىغا قاراپ قويدى:

ـ ئاخىرقى قېتىم كىنوغا بارغان ۋاقتىڭىز قاچان؟

ـ 1931-يىلى،- دېدى خوتۇنى،- ئۇ «ئۆلۈكنىڭ ئارزۇسى» دېگەن كىنو ئىدى.

ـ ئېلىشىدىغان كىنومىكەن؟

ـ ئېنىق بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ئۇ كىنودا، ئالۋاستى قىزنىڭ بۇلاپكىسىنى ئېلىپ قاچماقچى بولغاندا قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىدىغان بىر كۆرۈنۈش بار.

ئەر- خوتۇن تىرىسلاپ چۈشۈۋاتقان يامغۇر ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياتقىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى. خېلىدىن كېيىن پولكوۋنىك قورسىقىنىڭ بىر ئاز بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى سەزدى، ئەمم اھولۇقۇپ كەتمىدى. ھەرھالدا ئۇ بۇ ئۆكتەبىردىنمۇ ساق – سالامەت ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى. ئۇ يۇڭ ئەدىيالدا بەدىنىنى چىڭڭىدە ئورىدى. ھايال ئۆتمەي خوتۇنىنىڭ شىرىن چۈش قوينىدا ئۈزۈۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىنلا تولىمۇ سەگەكلىك بىلەن گەپ قىلىشقا باشلىدى.

خوتۇنى ئويغىنىپ كەتتى.

ـ كىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتىسىز؟

ـ ھېچكىم بىلەن،- دېدى پولكوۋنىك،- ماكوندودا يىغىن ئاچقان ۋاقتىمىزدا پولكوۋنىك ئورېلىئانو بۇئېندىيەگە « تەسلىم بولمايلى» دېگەنىدۇق. شۇ ئىشلارنى ئەسلەپ قالدىم. تەسلىم بولۇش بىلەن ھەممە نەرسە گۇمران بولدى.

يامغۇر توپتوغرا بىر ھەپتە ياغدى. نويابىرنىڭ ئىككىنچى كۈنى خوتۇنى پولكوۋنىكنىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ يول تۇتۇپ، ئاۋگوستننىڭ قەبرىسىگە گۈل كۆتۈرۈپ باردى. ئەمما قەبرىستانلىقتىن قايتىپ كېلىپلا كېسىلى قوزغىلىپ قالدى. بۇ بىر ھەپتە نەس باسقان ئۆكتەبىردىنمۇ بەك مۈشكۈلچىلىكتە ئۆتتى. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنىنى « بىر ھەپتىلىكىلا قالدى» دەپ ئويلىغانىدى. دوختۇر پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنىنىڭ كېسىلىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ھۇجرىدىن چىقتى- دە، ئاچچىقلاپ:

ـ بۇنداق زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىكىن، يېتىپ دەم ئالسا بولمامدۇ، ئۇ يەر بۇ يەرگە بېرىپ نېمە قويدى،- دېدى.

بۇ گەپنى دوختۇر پولكوۋنىكقا ئالايىتەن يالغۇز يەردە دېدى، يەنە كېسەلنىڭ تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەكلىكىنى تاپىلىدى.

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن پولكوۋنىكنىڭمۇ كېسىلى قوزغىلىپ قالدى، ئۇ .ىنتايىن بىئارام بولۇپ ھاجەتخانىدا بىر نەچچە سائەت زوڭزىيىپ ئولتۇردى. بەدەنلىرىدىن سوغۇق تەر قۇيۇلۇپ، ئۆزىنى ئىچ- باغرى سېسىپ بىردىن- بىردىن سوزۇلۇپ چۈشىۋاتقاندەك سەزدى. « يەنە شۇ يامغۇرنىڭ كاساپىتى» دېدى ئۇ مىجەزى يوق چاغلاردا دەيدىغان گېپىنى تەكرارلاپ، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمەي:« يامغۇر توختىسا ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دەپ ئويلىدى. پولكوۋنىك ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغانلىقىغا، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە چۇقۇم خەت تاپشۇرىۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

ئۇ بۇ قېتىم ئائىلە ئىقتىسادىنى قامداش ئۈچۈن باش قاتۇرمىسا بولمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇ كەمگىچە ئۇ چىشىنى چىشىغا چىشلەپ يېقىن ئەتىراپتىىك دۇككاندىن نەچچە قېتىم پۇل سوراپ بولغانىدى.

« كىلەر ھەپتىلا قايتۇرۇپ بېرىمەن» ئۇ ھەرقېتىم قەرز ئالغاندا شۇنداق دەيتتى، ئەمما يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆڭلىدە بىلىپ تۇراتتى. خوتۇنى ئېغىر كېسەلدىن قوپۇپ ئېرىنى كۆرگەندە قاتتىق ھەيران قالدى.

ـ توۋا، ئۇورۇقلاپ قورايدەكلا بولۇپ قاپسىزغۇ،- دېدى خوتۇنى.

ـ مەن ئوبدان سەمىرىپ ئۆزۈمنى سېتىۋېتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمەن،- دېدى پولكوۋنىك،- كلارنېت(چالغۇ ئەسۋابىنىڭ بىر خىلى ) زاۋۇتى مېنى ئالىدىغان بولدى.

ئەمەلىيەتتە پولكوۋنىك خەت كېلىدىغانلىقىغا ئۈمىد باغلاپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈنلا مۇشۇ كەمگىچە ياشاپ كەلگەنىدى. ماغدۇرىدىن كەتكەن، تالاي كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ سالامەتلىكى بەكلا ناچارلىشىپ كەتكەن پولكوۋنىك خورىزىنىڭلا ئەمەس، ئۆزىنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. نويابىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا بىر يەردىن كۆممىقۇناق تاپمىسا خورىزىنىڭ ئىككى كۈنگە قالماي ئلۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە ئىيولدا بىر باغلام يىسى پۇرچاقنى تاممەشنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ قويغانلىقىنى تۇيۇقسىز ئېسىگە ئالدى. ئۇ كاتەكنى ئېچىپ كىچىك تەلەڭگىدە بىر كەلگۈدەك قۇرۇق پۇرچاقنى خورىزىنىڭ ئالدىغا قويدى.

ـ بۇ ياققا كېلىڭچۇ،- دېدى خوتۇنى.

ـ توختاپ تۇرۇڭ،- دېدى پولكوۋنىك خورىزىنىڭ پۇرچاققا ئېتىلغانلىقىنى كۆرۈپ،-« ئاچ قالغان تاماق تاللىماپتۇ» دېگەن شۇ- دە!

پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ كارىۋاتتىن ئۆرە بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئايالىنىڭ بەدىنىدىن بىر خىل دورىنىڭ پۇرىقى كېلەتتى.

ـ بۇ توخۇنى دەرھال كۆزدىن يوقىتىڭچۇ!- دېدى خوتۇنى.

پولكوۋنىڭ ھامان شۇنداق بولىدىغانلىقىنى پەملىگەنىدى. ئۇ ئوغلى تاياقتا ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆزى خورىزىنى ئېلىپ قېلىش نىيتىگە كەلگەن ئاشۇ كۈندىن بېرى مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ كەلگەنىدى. بۇ ئىش ئۈستىدە ئويلىنىشقا يېتەرلىك ۋاقىت بار ئىدى.

ـ ئەمدى بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى،- دېدى پولكوۋنىك،- يەنە ئۈچ ئايدىن كېيىن مۇسابىقە بولىدۇ. شۇ چاغدا خورىزىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى باھادا ساتالايمىز.

ـ پۇلنىڭ گېپىنى دەۋاتقىنىم يوق،- دېدى خوتۇنى،- يىگىتلەر كەلسە، خورازنى ئېلىپ كېلىشنى ئېيتىڭ. ئۇلار خورازنى قانداق قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلسۇن.

ـ مەن بۇ خورازنى ئاۋگوستىننى دەپلا ساقلاپ كېلىۋاتىمەن،- پولكوۋنىك بۇرۇنلا ئويلاپ قويغان ئاساسنى ئوتتۇرغا قويدى،- ئوغلىمىزنىڭ خورىزىنىڭ ئۇتقانلىقىنى ئېيتقان چاغدىكى چىرايىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭچۇ.

ـ مۇشۇ نەس باسقان خوراز ئۇنىڭ بېشىغا چىقتى،- ۋارقىرىدى پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ئوغلىنى ئەسلەپ،- ئەگەر 3- يانۋار ئاۋگوستتىن ئۆيدە قالغان بولسا، بەختسىزلىككمۇ ئۇچىرمىغان بولاتتى،- ئۇ ئورۇق بارماقلىرى بىلەن دەرۋازىنى كۆرسىتىپ ۋارقىرىدى،- شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە، ئوغلۇم خورىزىنى قولتۇقىغا قىسىپ ماڭغاندا، كۆڭلۈم ئۈيگەندەك بىر شۇملۇقنىڭ بىشارىتىنى سەزگەنىدى. مەن ئوغلۇمنى توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىغا بارما دەپ توستۇم، ئەمما ئوغلۇم نارازى بولۇپ:« بولدى قىل، ئانا، چۈشتىن كېيىن بىز تازا پۇل تاپىمىز» دېگەنىدى.

پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ماغدۇرۇدىن كېتىپ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى. پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ دۈمبىسىگە ياستۇق يۆلەۋاتقاندا، كۆزلىرى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭكىگە ئوخشايدىغان كۆزلىرى بىلەن ئۇچىرشىپ قالدى.

ـ ھەرىكەت قىلماڭ،- پولكوۋنىك شۇنداق دەۋېتىپ ئۆپكىسىدىن ئاۋاز چىقىۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇغا كېلىپ قالدى. خوتۇنى ھايال ئۆتمەيلا ئۇيقۇغا كەتتى. كۆزىنى قايتا ئاچقاندا ئۇنىڭ تىنىقى خېلى جايىغا چۈشۈپ قالغانىدى. ـ

ـ ھەممىسى  نامراتكىقىمىزدىن بولىۋاتقان ئىشلارغۇ!- دېدى ئايال،- ئۆزىمىزنى ئاچ قويۇپ، توخۇنى باقساق گۇناھ بولمامدۇ!

پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ پىشانىسىدىكى تەر تامچىلىرىنى كارىۋاتنىڭ كىرلىكىدە سۈرتۈپ:

ـ ئۈچ ئايدا ئۆلۈپمۇ قالماسمىز،- دېدى.

ـ لېكىن، شۇ ئارىلىققىچە نېمە يەيمىز؟

ـ بىلمىدىم،- دېدى پولكوۋنىك،- بىراق ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش بولسا، بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتۇق.

تەلەڭگىنى بىكارلاپ مەغرۇر بىر ھالەتتە تۇرغان خوراز پولكوۋنىكنى كۆرگەندە، بوغۇزىدىن ئادەمنىڭ پىچىرلىغىنىدەك بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. خوراز بېشىنى كەينىگە بۇرىغاندا، پولكوۋنىك مەمنۇنلۇق ئىلكىدە كۈلۈمسىرىدى:

ـ ياشىماق بەك مۈشكۈل، جانىۋار.

پولكوۋنىك ئۆيدىن چىقىپ، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا بوشاپ قالغان كوچىدا كاللىسى قۇپقۇرۇق ھالەتتە ئايلىنىشقا باشلىدى، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىشنىڭ ھەل بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىككە دەۋەت قىلىشقىمۇ رىغبىتى يوق ئىدى. پولكوۋنىك خىلۋەت كوچىدا ئۇزۇن مېڭىپ ھارغاندىن كېيىنلا ئۆيىگە قايتتى. خوتۇنى ئېرىنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ ئۇنى ھۇجرىغا چاقىردى.

ـ نېمە ئىشتى؟

خوتۇنى ئېرىگە قارىمايلا جاۋاب بەردى:

ـ سائەتنى سېتىۋېتەيلى.

پولكوۋنىك بۇ ئويغا بۇرۇنلا كېلىپ بولغانىدى.

ـ كېسىپ ئېيتالايمەن، سائەتنى ئاپارسىڭىز ئارۋالو دەرھال قىرىق پىسو بېرىدۇ،- دېدى خوتۇنى،- ئۇ تىككۈچىلىك ماشىنىسىنىمۇ ئوڭايلا سېتىۋالغانتىغۇ!

ـ ئەتە ئەتىگەندە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقاي،- دېدى پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپ.

ـ ئەتە- پەتىنى قويۇپ، سائەتنى ھازىرلا ئېلىپ بېرىڭ،- دېدى خوتۇنى،- سائەتنى ئالدىغا قويۇپ:« ئارۋالو، سائەتنى ئېلىپ كەلدىم. سىز ئېلىپ قېلىڭ» دەڭ. ئۇ نېمە سەۋەبتىن سائەتنى ساتماقچى بولغانلىقىڭىزنى دەرھال چۈشىنىدۇ.

پولكوۋنىكنىڭ كۆڭلى غەش بولدى.

ـ بۇ ئىيسانىڭ مىيىت ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كوچىدا ماڭغاندەكلا بىر ئىش ئەمەسمۇ،- دېدى پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ گېپىگە قارشى چىقىپ،- خەقلەر ئەينەك جاھازىنى كۆتۈرۈپ ماڭغىنىمنى كۆرسە،« پولكوۋنىك رافىل ئېسكارونىڭ مۇزىكا ئىشلىشىگە تازا خام ماتىريال بولغۇدەك» دېيىشمەمدۇ.

لېكىن، خوتۇنى پولكوۋنىكنى بۇ قېتىممۇ قايىل قىلدى. ئايال سائەتنى تامدىن ئېلىپ گېزىت بىلەن ئورىغاندىن كېيىن ئېرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

ـ قىرىق پىسۇنىڭ ئامالىنى قىلالمىسىڭىز قايتىپ كەلمەڭ،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىكقا.

پولكوۋنىك سائەتنى قولتۇقىغا قىسىپ ماشىنچىخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئاۋگوستىننىڭ سەبداشلىرى ئىشىك ئالدىدا ئولتۇراتتى.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى پولكوۋنىكقا ئورۇن كۆرسەتتى.

ـ رەھمەت،- دېدى پولكوۋنىك كۆڭلى بىسەرەمجان بولۇپ،- من سۇكانغا كىرمەكچى ئىدىم.

شۇ چاغدا ئاۋرالو ماشىنچىخانىدىن چىقىپ كەلدى. كارىدوردىكى ئىككى تۈۋرۈكنى ئارىسىغا تارتىلغان سىمغا بىر كاجى چاپان ئېسىلغانىدى. ئارۋالو گەۋدىسىنىڭ يوغانلىقىغا بېقىپ يېشىمۇ سەل چوڭراق كەلگەن، كۆزلىرى يېقىشلىق يىگىت ئىدى. ئارۋالو ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىۋىدى، پولكوۋنىكنىڭ يەنەروھى كۆتۈرۈلۈپ قالدى. ئو ئورۇندۇقنى ئىشىككە يۆلەپ ئولتۇرغاچ ئارۋالونىڭ يالغۇز قېلىشىنى كۈتتى. ئەمما ئۇ ئەتراپىدا تۇرغانلارنىڭ چىرايىنىڭ بۆلەكچە ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى.

ـ پارىڭىڭلارغا دەخلى قىلمايمەن،- دېدى پولكوۋنىك.

ئۇلار ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. ئارىدىن كىمدۇر بىرى ئۇنىڭغا ئازراق قەددىنى ئېگىپ ئارانلا ئاڭلانغۇدەك ئاۋازدا:

ـ ئاۋگوستىن خەت يېزىپتۇ،- دېدى.

پولكوۋنىك قۇرۇق كوچىغا قاراپ قويۇپ:

نېمە بوپتۇ؟- دەپ سورىدى.

ـ يەنە شۇ ئادەتتىكى گەپلەر.

ئۇلار پولكوۋنىكقا بىر پارچە يەر ئاستى تەشۋىقات ۋەرەقىسىنى بەردى. پولكوۋنىك ئۇنى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سالغاندىن كېيىن بامىقى بىلەن بولاقنى يېنىك چىكىپ بىر چەتتە ئۈندىمەي تۇردى. ئارىلىقتا بىر يىگىت بولاقنى كۆرۈپ قالدى. بۇ ھال ئۇنى ئىختىيارسىز چۆچۈتىۋەتتى.

ـ يوشۇرۇپ تۇرغىنىڭىز نېمە ، پولكوۋنىك؟

ـ ھېچنىمە،- پولكوۋنىك ھېرماننىڭ ئۆتكۈر يېشىل كۆزلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يالغان ئېيىتتى،- مەن سائىتىمنى ھېلىقى گىرمانىيەلىككە ياساتقىلى ئەكەلگەنىدىم.

ـ ئەخمەق بولماڭ، پولكوۋنىك،ـ دېدى ھېرمان پولكوۋنىكنىڭ قولىدىن بولاقنى ئېلىشقا تىرىشىپ،- توختاڭ، ئۇنى مەن كۆرۈپ باقاي.

پولكوۋنىك رەت قىلدى. قاپاقلىرى قارىيىپ گەپ سۆز قىلماي ئولتۇردى. باشقىلارمۇ بولاقنى كۆرسىتىڭ دەپ تۇرىۋالدى.

ـ ھېرمان كۆرۈپ باقسۇن، ئۇ بۇنداق نەرسىلەرنىڭ تىلىنى بىلىدۇ.

ـ بولدى، ئۇنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمەي.

ـ ئاۋارە بولىدىغان ئش يوق،- دېدى ھېرمان پولكوۋنىكقا گەپ بەرمەي ۋە ئۇنىڭ قولىدىن سائەتنى ئېلىۋېتىپ،- گىرمانىيلىككە بەرسىڭىز، ئون پىسو ئېلىپ سائىتىڭىزنىڭ ھېچ يېرىگە تەگمەيلا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

ھېرمان سائەتنى ئېلىپ ماشىنچىخانىغا كىردى. ئارۋالو ماشىنىنىڭ ئالدىدا كىيىم تىكىپ ئولتۇراتتى. ئۆينىڭ ئىچكىرسىدىكى تامغا بىر گىتار ئېسىپ قويۇلغانىدى. ئۇ يەردە بىر قىز كىيىمگە تۈگمە قاداۋاتاتتى. گىتارنىڭ ئۈستىگە چاپلانغان قەغەزگە:« سىياسىي توغرۇلۇق پاراڭ قىلماڭ» دەپ يېزىلغانىدى. پولكوۋنىك ئۆزىنى ھېلىلا يىقىلىپ كېتىدىغاندەك سېزىپ، پۇتىنى ئورۇندۇقنىڭ توغرا ياغىچىغا ئېلىۋالدى.

ـ بولدى،- بىر پەستىن كېيىن ئۆينىڭ ئىچىدىن قوڭغۇراق ئاۋازى بىلەن تەڭ ھېرماننىڭ ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى. يەنە بىر ئۆيدە بىر ئايال تامنى ئۇرۇپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:

ـ گىتار چالماڭلار، ئاۋگوستىننىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە تېخى يىل توشمىغان تۇرسا!

ئولتۇرغانلار پاراققىدە كۈلۈۋېتىشتى.

ـ گىتارنىڭ ئەمەس، سائەت قوڭغۇرقىنىڭ ئاۋازى.

ھېرمان سائەت يۆگەلگەن بولاقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى.

ـ سائەتنىڭ ھېچقانداق چاتىقى يوقكەنغۇ،- دېدى ھېرمان،- خالىسىڭىز سىز بىلەن بىللە بېرىپ سائەتنى تامغا ئېسىشىپ بېرەي.

پولكوۋنىك ھېرماننىڭ ياخشى نىيتىنى سىلىق رەت قىلدى.

ـ گەدىنىمدە قانچىلىك پۇل قالدى؟

ـ بۇ گەپنى دېيىشمەيلى، پولكوۋنىك،- دېدى ھېرمان ئولتۇرىۋېتىپ،- يانۋاردا ئۇنى خورىزىڭىز تۆلىۋېتىدۇ.

بۇ گەپ بىلەن پولكوۋنىڭ دەرھال قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى تېپىۋالدى.

ـ سىزگە بىر ئىشنى دېمەكچىدىم،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ نېمە ئىش؟

ـ خورازنى سىزگە بېرەي،- پولكوۋنىك ئەتراپتا ئولتۇرغانلارنىڭ چىرايىغا قارپا قويدى،- مەن خورازنى سىلەرگە بېرىۋېتەي دەيمەن.

ھېرمان چۈشىنەلمىگەندەك قىياپەتتە پولكوۋنىكقا يالىتتىدە قارىدى.

ـ يېشىم چوڭىيىپ قالدى، ئۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا ماس كەلمەيمەن،- دېدى پولكوۋنىك ئارقىدىنلا ئاۋازىنى كەسكىن، قايىل قىلارلىق چىقىرىشقا تىرىشىپ،- يەلكەمدىكى يۈك بەك ئېغىرلاپ كەتتى. بىر نەچچە كۈن بولدى، بىچارە خوراز ماڭا ئۆلۈپ قالىدىغاندەكلا تۇيۇلىۋاتىدۇ.

ـ ئەنسىرىمەڭ، پولكوۋنىك،- دېدى ئافانسو،- چۈنكى بۇ توخۇلارنىڭ تۈك تاشلايدىغان پەسلى. تۈك تۆشۈكچىلىرى ياللۇغلانغان بولسا كېرەك.

ـ كېيىنكى ئايدا ياخشى بولۇپ قالىدۇ،- دېدى ھېرمان جەزىملەشتۈرۈپ.

ـ نېمىلا بولسۇن، ماڭا ئەمدى خورازنىڭ كېرىكى يوق،- دېدى پولكوۋنىك.

ھېرمان پولكوۋنىكنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلمەكچى بولغاندەك كۆزلىرىنى چەكچەيتتى.

ـ ئىشنىڭ ماھىيتىگە قارىشىڭىز كېرەك، پولكوۋنىك،- دېدى ھېرمان تەكىتلەپ،- مۇھىمى، ئاۋگوستىننىڭ خورىزىنى توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىغا ئۆزىڭىز ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك.

پولكوۋنىك بىرئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى.

ـ بۇنى بىلىمەن،- دېدى ئۇ،- خورازنى ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىشىمدىكى سەۋەبمۇ شۇ،- پولكوۋنىك چىشىنى چىڭ چىشلەپ شۇنداق دېدى، ئاندىن ئۆزىنى ۋۇجۇدىغا يېڭى كۈچ قوشۇلغاندەك سېزىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- چاتاق يېرى، توخۇ سوقۇشتۇرۇشقا يەنە ئۈچ ئاي بار- دە!

بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ھېرمانلا چۈشەندى.

ـ يالغۇز شۇ سەۋەبتىنلا بولسا، ھېچ ئىش يوقكەنغۇ،- دېدى ئۇ.

ھېرامان بۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىسدا ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇۋىدى، ئۇنىڭ پىكرىنى باشقىلار قوبۇل قىلدى. كەچتە پولكوۋنىك بولاقنى قولتۇقىغا قىستۇرغىنىچە ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، خوتۇنى ئويلىغىنىدەك ئىش بولمىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ـ ھېچقانداق نەرسىنىڭ ئامالىنى قىلالمىدىڭىزمۇ؟- سورىدى ئايال.

ـ ئامالىنى قىلالمىدىم،- دېدى پولكوۋنىڭ،- لېكىن ئەمدى خورىزىمىزدىن ئەنسىرمىسەكمۇ بولىدۇ. ئۇنى بېقىشقا يىگىتلەر مەسئۇل بولىدىغان بولدى.

تۇغقىنىم، توختاپ تۇرۇڭ. سىزگە بىر كۈنلۈك بېرىپ تۇراي.

دون سارۋاس تام ئىشكاپنى ئاچتى ۋە ئىچىدە بىر باغلام ئۆتۈك، ئۈزەڭگە، تۆشباغ ۋە لىق گۈلئەنبەر قاچىلانغان بىر قوغۇشۇن كوزىنى كۆردى. ئىشكاپنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىگە كۈنلۈك ۋە بىر ئايالچە زونتېك ئېسىلغانىدى. پولكوۋنىك بىر قېتىملىق بالايىئاپەتنىڭ كەلتۈرگەن بۇزغۇنچىلىقلىرىنى ئەسكە ئالدى.

ـ رەھمەت، تۇغقىنىم،- دېدى پولكوۋنىك بىلىكىنى دەرىزىگە تىرەۋېتىپ،- يامغۇر توختىغاندىن كېيىنلا ماڭاي.

دون سارۋاس تام ئىشكاپنى ياپماي، يېزىق ئۈستىلىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. شامالدۇرغۇچتىن چىقىۋاتقان سالقىن شامال ئۇنىڭغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. بىر ئازدىن كىيىن تارتمىدىن پاختىغا ئورالغان بىر شىپرىسنى ئالدى. پولكوۋنىك سىمىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇردا كۈل رەڭ ئۆرۈك دەرىخىگە قاراپ ئولتۇراتتى. ئەتراپ شۇنچىلىك جىمجىت، كوچىدا بىرمۇ ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى.

ـ بۇ دەرىزىدىن قارىغاندا يامغۇر ئادەمنىڭ كۆزىگە باشقىچىلا كۆرۈنىدىكەن،- دېدى پولكوۋنىك،- خۇددى باشقا بازادا يامغۇر يېغىۋاتقاندەك.

ـ  مەيلى نەدە قارايلى، يامغۇر يەنە شۇ يامغۇر پېتى ياغىۋېرىدۇ،- دېدى دون سارۋاس پولكوۋنىكنىڭ گېپىگە رەددىيە بېرىپ،- ئەجەبمۇ بىر نەس باسقان بازار بولدىغۇ بۇ!

پولكوۋنىك مۈرىسىنى ككتۈرۈپ قويۇپ ئىشخانا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. يېشىل كاھىش يتقۇزۇلغان بۇ چوڭ زالغا قېنىق رەڭدىكى ھەرخىل قاپلار كىيگۈزۈلگەن ئۆي جاھازىلىرى تىزىلغانىدى. زالنىڭ ئىچكىرسىگە بولاق تۇز، ھەسەل قاچىلانغان تۇلۇم ۋە ئات ئىگىرى قالايمىقان تاشلاپ قويۇلغانىدى. دون سارۋاس تولىمۇ سوغۇق بىر نەزەردە پولكوۋنىكقا تىكىلىپ تۇراتتى.

ـ سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن بولغان بولسام، بۇنداق ئويلىمىغان بولاتتىم،- دېدى پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك ئىككى پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ بەخىرامان بىر ھالەتتە يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان دون سارۋاسقا قارىدى. پاكار، جۇغى كىچىك كەلگەن دون سارۋاسنىڭ كۆزلىرىدە بىر ھەسرەت ئۇچقۇنى ئەلەڭگىپ ئۆتتى.

ـ دوىتۇرغا كۆرۈنۈڭ، تۇغقىنىم!- دېدى دون سارۋاس،- دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ كۆزۈمگە غەمكىن كۆرۈنىىغان بولۇپ قالدىڭىز.

ـ مەن بىر ئوبدان تۇرىمەنغۇ،-دېدى پولكوۋنىك بېشىنى كۆتۈرۈپ.

دون سارۋاس شىپىرىسنىڭ قاينىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى.

ـ مەنمۇ سىزگە ئوخشاش بۇ گەپنى قورقماي دېيەلىگەن بولسام، نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى –ھە!- دېدى ئۇ ھەسرەت بىلەن،- سىز تولىمۇ بەخىتلىككەنسىز! مىس ئۈزەڭگىنى يەۋەتسىڭىزمۇ ھېچنىمە بولمايسىزغۇ دەيمەن.

دون سارۋاس قارامتۇل سەپكۈن بېسىپ كەتكەن يۇڭلۇق قوللىرىغا قارىدى. قولىغا توي ئۈزۈكى بىلەن قارا قاشتېشىدىن ياشالغان يەنە بىر ئۈزۈكنى تاقىۋالغانىدى.

ـ توغرا ئېيتىسىز،- دېدى پولكوۋنىك ئۇنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ.

دون سارۋاس خەۋەرلىشىش بۆلۈمىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ خوتۇنىنى چاقىردى، ئارقىدىن ئۆزىنىڭ قانداق يىمەكلىكلەرنى يەيدىغانلىقىنى ھەسرەت بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. كۆڭلىكىنىڭ يانچۇقىدىن كىچىك بىر قۇتىنى ئېلىپ، ئىچىدىن يېسى يۇپۇرماق چوڭلۇقتىكى بىر ئاق دورا تابلېتكىسىنى يېزىق ئۈستىلىگە چۈشۈردى.

ـ نەگە بارسام بۇنى ئېلىۋالىمەن. شۇنداق قىينالدىمكى،- دېدى دون سارۋاس،- خۇددى ئۆزۈمنى ئەزرائىل ئىچىمگە كىرىۋالغاندەكلا سېزىمەن.

پولكوۋنىك يېزىق ئۈستىلىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە دورىنى ئالقىنىغا ئېلىپ تەپسىلىي كۆزەتتى. دون سارۋاس ئۇنى دورىنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى.

ـ بۇ دورا قەھۋەگە تاتلىق تەم كىرگۈزىدۇ،- دېدى دون سارۋاس پولكوۋنىكقا چۈشەندۈرۈپ،- قەنتنىڭ رولىنى ئوينايدۇ، ئەمما بۇنىڭدا قەنت تەركىبى يوق.

ـ راستكەن،- دېدى ئاغزىدا تىلنى يارغۇدەك تاتلىق تەم قالغان پولكوۋنىك.

خوتۇنى ئوكۇلنى ئۇرۇپ قويغاندىن كېيىن دون سارۋاس بىلىكىنى شىرەنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئىككى مەڭزىنى ئالقانلىرىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ئولتۇردى. پولكوۋنىك قانداق قىلىشنى بىلمەيتتى. دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى شامالدۇرغۇچنى ئېتىپ قويدى ۋە تام ئىشكاپ تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

ـ كۈنلۈكنىڭ ئۆلۈم بىلن ئازراق مۇناسىۋىتى بارمىكىن دەيمەن،- دېدى دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى.

پولكوۋنىك ئايالىنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلمىدى. ئۇ پوچتا پاراخوتىنى كۈتۈش ئۈچۈن سائەت تۆت بولا- بولمايلا ئۆيدىن چىقىۋالغانىدى. ئەمما ئارىلىقتا يامغۇر يېغىپ كېتىپ دون سارۋاسنىڭ ئىشخانىسىدا بىردەم دالدىلىنىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. پوچتا پاراخوتى گۈدۈك چالغاندا، يامغۇر تېخى توختىمىغانىدى.

ـ ھەممە ئادەم ئۆلگۈچىنى ئايال كىشىكەن دېيىشىدىغۇ،- دېدى دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ. ئۇ بويى ئېرىنىڭكىدىنمۇ ئېگىز، تەندۇرۇس، ئۈستۈنكى لىۋىدە تۈكلۈك سۆگىلى بار، گەپ قىلغاندا بۆلەكچە ھاسىراپ سۆزلەيدىغان ئايال ئىدى،- مېنىڭچە ئايال كىشى ئەمەسمىكىن،- ئۇ شۇنداق دېگەچ تام ئىشكاپنى ياپتى ۋە كەينىگە  بۇرۇلۇپ پولكوۋنىكنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى- دە، مەسلىھەت تەرىقىسىدە،- مېنىڭچە ئۇ يىرىتقۇچ چاڭگىلى بار مەخلۇقمىكىن،- دېدى.

ـ بەلكىم،- دېدى پولكوۋنىك ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ،- بەزىدە تۇرمۇشتا ئاشۇنداق غەلىتە ئىشلارمۇ يۈز بېرىدۇ.

« شۇ تاپتا پوچتىكەش يامغۇرلۇقنى كىيىپ پاراخوتقا سەكرەپ چىقىۋاتقاندۇ» دەپ ئويلىدى پولكوۋنىك. ئۇنىڭ ئادۋوكات ئالماشتۇرغىنىغا بىر ئاي بولغانىدى. شۇڭا جاۋاب خەت كۈتۈشكە تامامەن ھەقلىق ئىدى. ئۆلۈك توغرىلىق قىزىشىپ سۆزلەۋاتقان ئايال پولكوۋنىكنىڭ بۆلەكچە بىر ھالەتتە تۇرغانلىقىنى سەزگەندىن كىيىن گەپتىن توختىدى.

ـ تۇغقىنىم، كۆڭلىڭىزدە بىرەر غەم- ئەندىشە باردەك قىلىدۇ- ھە.

پولكوۋنىك شۇ چاغدىلا خىيالدىن ئويغاندى.

ـ توغرا ئېيتىسىز، تۇغقىنىم،- ھاىر سائەت بەش بولدى، ئەمما توخۇغا تېخى ئوكۇل ئۇرۇلمىدى. مۇشۇ ئىش كاللامغا كىرىۋېلىپ بارىدۇ.

پولكوۋنىكنىڭ گېپى ئايالغا بەكلا غەلىتە بىلىندى.

ـ توخۇغىمۇ ئادەمگە ئوخشاش ئوكۇل ئۇرىدىغان گەپمۇ!-دېدى ئايال ئۈنلۈك ئاۋازدا،- بۇ ئۇلۇغ تەڭىرنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزگەنلىك ئەمەسمۇ؟

ئەمدى سەۋر قاچىسى توشقان دون سارۋاس پوكاندەك قىزىرىپ خوتۇنىغا بۇيرۇق قىلدى.

ـ بىردەم ئاغزىڭنى باسساڭچۇ!

ئايال ئاغزىنى راستىنلا ئىككى قولى بىلەن يېپىۋالدى.

ـ تولا قۇرۇق گەپ قىلىپ تۇغقىنىمنى يېرىم سائەت گالۋاڭ قىلدىڭ.

ـ كېرەك يوق،- دېدى پولكوۋنىك.

ئايال ئىشىكنى گۈپپىدە يېپىپ چىقىپ كەتتى. دون سارۋاس قويۇق كوكات ھىدى كېلىپ تۇرغان قولياغلىقتا بوينىنى سۈرتتى. پولكوۋنىك دېرىزىنىڭ ئالدىغا كەلدى. يامغۇر يەنە قاتتىق يېغىۋاتاتتى. پاچاقلىرى ئۇزۇن بىر سېرىق مېكىيان ئادەمزاتىسز مەيداندىن ئۆتتى.

ـ راستىنلا توخۇغا ئوكۇل ئورۇۋاتامسىز؟

ـ ھەئە،- دېدى پولكوۋنىك،- مەشىق كېلەر ھپتە باشلىنىدۇ.

ـ بۇ ياخشى ئىش ئەمەس،- دېدى دون سارۋاسس،- سىز بۇنداق ئىشنى قىلىشقا ئەمدى ماس كەلمەيسىز.

ـ دۇرۇس،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ بۇ ئەخمەقلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى،- دېدى دون سارۋاس دېرىزە تەرەپكە مېڭىۋېتىپ. پولكوۋنىك تىنىقىنىڭ بەكلا ئىتتىكلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى. دون سارۋاس ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغاندەك قاراپ قويدى.

ـ نەسىھىتىمنى ئاڭلاڭ، تۇغقىنىم،- دېدى دون سارۋاس،- ئۇ خورازنى دەرھال سېتىۋېتىڭ. بولمىسا كېچىكىپ قالىسىز.

ـ ھەرقانداق ئىشنى قىلساقلا كېچىككەن بولمايمىز،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ تەتۈرلۈك قىلماڭ دەيمەن،- دېدى دون سارۋاس گېپىدە چىڭ تۇرۇپ،- بۇ سودىنى قىلسىڭىز بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقالايسىز ھەم بېشىڭىزغا بالا بولىۋاتقان بىغەرەز خورازنى كۆزدىن يوقىتالايسىز ھەم توققۇز يۈز پىسونى چۆنىتىكىڭىزگە سالالايسىز.

ـ توققۇز يۈز پىسو!- پولكوۋنىك ھەيرانلىق ئىلكىدە توۋلىۋەتتى.

ـ ھەئە، توققۇز يۈ پىسو.

پولكوۋنىك بۇنىڭ قانچىلىك پۇل ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

ـ ئۇ خورازنى كىم شۇنچە جىق پۇلغا ئالىدۇ دەيسىز؟

ـ چۇقۇم ئالىدۇ،- دېدى دون سارۋاس،- مېنىڭ يۈزدە يۈز ئىشەنچىم بار.

پولكوۋنىك ئىنقىلاب خىراجىتى تاپشۇرغاندىن بۇيان بۇنداق جىق ساننى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى. دون سارۋاسنىڭ ئىشخانىسىدىن چىققاندا، پولكوۋنىكنىڭ قورسىقى قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىپ كەتتى. ئەمما ئۇ ھاۋانىڭ تەسىرىدىن شۇنداق بولىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەتتى. ئۇ پوچتىخانىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇدۇللا:

ـ مەن بىر جىددىي خەتنى كۈتىۋاتىمەن، ئايروپىلاندا كەلمەكچىدى،- دېدى پوچتىكەشكە.

پوچتىكەش خەت ساندۇقىنى ئاقتۇرغاندىن كېيىن كونۋېرتتىكى ئىسىملارنى بىر- بىرلەپ ئوقۇپ، خەتلەرنى ئايرىم ساندۇقلارغا سېلىپ قويدى. ئەمما بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. قولىدىكى چاڭ- توزانلارنى قېقىۋەتكەندىن كېيىن پولكوۋنىكقا مەنىلىك قاراپ قويدى.

ـ بۇ خەت چوقۇم قولۇمغا تېگىشى كېرەك،- دېدى پولكوۋنىك.

پوچتىكەش مۈرىسىنى چىقىرىپ قويدى.

ـ ئەمدى ئالدىڭىزغا كېلىدىغان بىردىنبىر نەرسە ئەجەل، پولكوۋنىك!

خوتۇنى كۆممىقۇناق ئۇۋۇندىلىرى سېلىنغان بىر تەخسىنى پولكوۋنىكنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. جىممىدە قورسىقىنى گولداۋاتقان پولكوۋنىك كۆمىقۇناق ئۇۋىقىدىن ھەربىر قوشۇق ئېلىپ توختايتتى ۋە چۇڭقۇر ئويغا چۆمەتتى. خوتۇنى ئۆيدە قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سېزىپ پولكوۋنىكنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇردى.

ـ سىزگە نىمە بولدى؟- سورىدى خوتۇنى.

ـ مەن ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ياردەم پۇلىنى تارقىتىش ھوقوقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ھېلىقى ئەمەلدارنى ئەسلەۋاتىمەن،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەللىك يىلدىن كېيىن بىر يەر ئاستىدا خاتىرجەم ياشاۋاتقان بولىمىز، ئەمما ئۇ بىچارە بايقۇش ھەر جۈمە كۈنى قاتتىق رىيازەت چېكىپ، پىنسىيە پۇلىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان بولىدۇ.

ـ بۇ شۇملۇقنىڭ بىشارىتى،- دېدى خوتۇنى،- سىز بۇ گەپچە ئۆلۈمنى كۈتىۋېتىپسىز-دە!- خوتۇن شۇنداق دەپ كۆممىقۇناق ئۇۋىندىلىرىنى يېيىشكە باشلىدى، ئەمما ھايال ئۆتمەي ئېرىنىڭ تېخىچە چۇڭقۇر خىيالدا تۇرغانلىقىنى سەزدى.

ـ ئاۋۋال ئالدىڭىزدىكىنى يەپ تۈگىتىڭچۇ.

ـ بەك يېيىشلىككەن،- دېدى پولكوۋنىك،- قەيەردىن ئەكەلدىڭىز بۇنى؟

ـ بۇمۇ خورىزىمىزنىڭ ئىلتىپاتى،- دېدى خوتۇنى،- يىگىتلەر خورازغا بىر مۇنچە كۆممىقۇناق ئەكەپتۇ. ھازىرچە ئۇنى خوراز بىلەن تەڭ يەپ تۇرارمىز. تۇرمۇش دېگەن شۇ.

ـ راسىت ئېيتىسىز،- دېدى پولكوۋنىك ئۇھسىنىپ،- تۇرمۇش كىشىلەر ئىجاد قىلغان ئەڭ ياخشى نەرسە.

پولكوۋنىك مەشنىڭ جازىسىغا باغلاپ قويۇلغان خورازغا قاراۋېتىپ، ئۇنىڭ بىر يەرلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى سەزدى. خوتۇنىمۇ خورازغا لاپپىدە قاراپ قويدى.

ـ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەن ئىلاجنىڭ يوقىدىن ئۇ بالىلارنى ھەيدىۋەتتىم،- دېدى خوتۇنى،- ئۇلار بىر قېرى مېكىياننى ئەكىلىپ خورازغا چېتشتۇرىۋاتىدۇ.

ـ بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىشمۇ ئەمەسقۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- بۇ ھەرقايسى بازاردىكىلەرنىڭ پولكوۋنىك ئوررلىئانو بۇئېندىيەگە خۇشامەت قىلىش ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىغا ئوخشاشلا بىر ئىش. ئۇ چاغدا كىشىلەر دائىم ياش قىزلارنى ئەكىلىپ پولكوۋنىكقا سولاپ بېرەتتى.

خوتۇنىغا پولكوۋنىك دەۋاتقان ئىشلار بەك كۈلكىلىكتەك، تېتىقسىزدەك بىلىنىپ كەتتى. خورازنىڭ كېكىردىكىدىن چىقىۋاتقان ئاۋاز بىېسى پىچىرلاپ سۆزلەۋاتقاندەك كارىدوردىمۇ ئاڭلاندى.

ـ گاھىدا بۇ خوراز ماڭا ھېلىلا سۆزلەپ سالىدىغاندەكلا تۇيۇلىدۇ،- دېدى خوتۇنى. پولكوۋنىك خورازغا لاپپىدە قارىدى.

ـ بىزنىڭ قولىمىزدا خورازدىن باشقا پۇلغا يارىغۇدەك بىر نەرسە يوق،- دېدى پولكوۋنىك ۋە بىر قوشۇق كۆممىقۇناق ئۇۋىندىسىنى ئاغزىغا سالدى،- خورازنى ساتقان پۇلغا ئۈچ يىل جېنىمىزنى جان ئېتەلەيمىز.

ـ قۇرۇق خىيالنى يېگىلى بولمايدۇ،- دېدى خوتۇنى.

ـ يېگىلى بولمىغان بىلەن ئۇنىڭدا ئاچلىقنى باسقىلى بولىدۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- بۇ تۇغقىنىمىز سارۋاسنىڭ سىرلىق دورىسىغا ئازراق ئوخشاپمۇ قالىدۇ.

شۇ كېچىسى پولكوۋنىك كىرپىك قاقماي چىقتى. ھېلىقى ساننى كاللىسىدىن چېقىرۋېتىشكە خېلى تىرىشىپ باقتى. ئەتىسى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا خوتۇنى ئىككى تەخسە كۆممىقۇناق ئۇۋۇندىسىنى كۆتۈرۈپ كەلدى ۋە ئكزىنىڭ تەخسىسىدىكىنى جىممىدە يەپ تۈگەتتى. پولكوۋنىك ۋۇجۇدىدا تولىمۇ ئاچچىق بىر سېزىمنىڭ يامراۋاتقانلىقىنى سەزدى.

ـ نېمە بولدى؟

ـ ھېچنىمە،- دېدى خوتۇنى.

ئەمدى خوتۇنىنىڭ يالغان سۆزلەشكە چۈشكەنلىكىنى سەزگەن پولكوۋنىك ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرمەكچى بولۇۋىدى، خوتۇنى « ھېچ ئىش يوق» دەپ كۆڭلىدىكىنى ئېيتماي تۇرىۋالدى.

ـ باشقا ھەيران قالغۇدەك ئىشمۇ يوق،- دېدى خوتۇنى،- ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت بوپتۇ. لېكىن مەن تېخىچە ماتەم بىلدۈرۈشكە بارماپتمەن. مۇشۇ ئىش كاللامغا كىرىۋېلىپ بارىدۇ.

شۇ كۈنى كەچتە ئايال ماتەم بىلدۈرۈشكە باردى. پولكوۋنىك ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىگە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىشىپ بەردى. كېيىن ئاۋاز ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئۆزى يالغۇز كىنوخانا تەرەپكە ماڭدى. پوپ ئانفېل ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا يىگىرمە قېتىم قوڭغۇراق چالغىنىدىن كېيىنلا كىلىشكە باشلىغان كىشىلەرگە قاراپ ئولتۇراتتى. كىنوخانا ئىشىكىنىڭ ئالدىغا تارتىلغان رەڭگارەڭ چىراغلار، قۇلاقنى يارىدىغان مۇزىكىلار، بالىلارنىڭ قىقاس- چۇقانلىرى پوپنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇۋاتاتتى. بىر بالا ياغاچتا ياسالغان بىر ئوۋ مىلتىقىدا پولكوۋنىكقا تەھدىد سېلىشقا باشلىدى.

ـ خورىزىڭىز قانداق بولدى، پولكوۋنىك،- دېدى ئۇ مۇتەھەملەرچە.

پولكوۋنىك ئىككى قولىنى كۆتۈردى.

ـ خوراز ئۆز جايىدا.

كىنوخانىنىڭ ئۇدۇل تېمىنى تۆت خىل رەڭدە يېزىلغان يوغان بىر ئېلان بىرلا ئالغانىدى. ئېلانغا:« كېچىدىكى بۈۋى مەريەم» دېگەن خەت يوغان قىلىپ يېزىلغان، يەنە ئۇچىسىغا ئۇسسۇل كىيمى كىيگەن، يوغان پاچاقلىرى ئېچىلىپ قالغان بىر ئايالنىڭ رەسمى سىزىلغانىدى.

پولكوۋنىك يېقىن ئەتراپتا خېلى ئۇزۇن ئايلىنىپ، گۈلدۈرماما ئارىلاش چاقماق چاققاندىن كېيىنلا خوتۇنىنى ئىزدەپ ماڭدى.

خوتۇنى ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىدىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۆيىدىمۇ يوق بولۇپ چىقتى. «بىردەمگىچە كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش پۇشتىكى چېلىنىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى پولكوۋنىك.قوڭغۇراق سائەت توختاپ قالغانىدى. ئۇ خوتۇنىنى كۈتىۋېتىپ، خۇددى قاتتىق جۇدۇن بازارغا شىپىقاپ كىلىۋاتقاندەك بىر ھېسىيات ئىچىدە سىرتقا يەنە بىر قېتىم چىقماقچى بولۇپ تۇرىۋىدى، خوتۇنى كىرىپ كەلدى.

پولكوۋنىك خورىزىنى ھوجرىغا ئەكىردى.خوتۇنى سۇ ئىچىش ئۈچۈن تۆر ئۆيگە ماڭدى.پولكوۋنىك ۋاقىتنى توغىرلىماقچى بولۇپ كېچىدە مېڭىشنى مەنئىي قىلىش پۇشتىكىنىڭ چېلىنىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى.

ـ بايا نەلەردە يۈردىڭىز؟- سورىدى پولكوۋنىك.

ـ ئاشۇ يەردە،- ئايال ئېرىگە قارىماي ئىستاكاننى كۈپكە تاشلىدى، كەينىگە بۇرۇلۇپلا ھوجرىغا كىرپ كەتتى.

ـ يامغۇرنىڭ بۇنداق بالدۇر يېغىشىنى كىم بىلدى؟- دېدى پولكوۋنىك. ئۇ پۇشتەك چېلىنغان ھامان سائەتنى ئون بىرگە توغىرلىدى ۋە ئەينەك جازىسىنى ياپقاندىن كېيىن ئورۇندۇقنى ئەسلىدىكى جايىغا قويۇپ قويدى. خوتۇنى تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى.

ـ گېپىمگە تېخى جاۋاب بەرمىدىڭىز،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ قايسى گېپىڭىزنى؟

ـ بايا نەلەردە يۈردىڭىز دەپ سوراۋاتىمەن.

ـ ئاشۇ يەردە پاراڭ بىلەن ئولتۇرۇپ قالدىم،- دېدى خوتۇنى،- كوچىغا چىقمىغىنىمغا ئۇزۇن بوپتىكەن.

پولكوۋنىك ئاسما كارىۋاتنى ئېسىپ، دەرۋازىنى تاقىغاندىن كېيىن ئۆيىگە ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسىنى چاچتى، ئاندىن لامپىنى يەرگە قويۇپ كارىۋىتىغا چىقىپ ياتتى.

ـ سىزنى چۈشىنىمەن،- دېدى پولكوۋنىك كۆڭلى بۇزۇلۇپ،- مۇھتاجلىقتا ئادەم زادى يالغان ئېيتىشتىن خالىي بولالمايدىغۇ.

پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى چۇڭقۇر تىنىپ قويدى.

ـ بايا پوپ ئانفېلانىڭكىدە بىردەم ھايالشپ قالدىم،- دېدى ئۇ،- ئۇنىڭدىن ئۈزىكىزمى رەنىگە قويۇش بەدىلىگە ئازراق پۇل بېرىپ تۇرۇشنى ئۆتۈندۈم.

ـ ئۇ نېمە دېدى؟

ـ مۇقەددەس نەرسىلەر ئۈستىدە گۇناھ بولىدۇ،- دېدى.

ـ ئىككى كۈن ئىلگىرى سائەتنى سېتىۋېتەيمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم،- دېدى ئايال پاشىلىق ئىچىدە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇرپ،- ئەمما ئۇنى ئېلىشقا ھېچكىم قىزىقمىدى.چۈنكى، ھازىر پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش شەرتى بىلەن ھەرخىل زامانىۋىي فوسفور سائەتلەر سېتىلىۋېتىلىپتۇ. ئۇنداق سائەت ئىچىدە يانىدىكەن.

پولكوۋنىك خوتۇنى بىلەن ئاچلىق، جاپا- مۇشەققەتنىڭ دەردىنى تەڭ تارتىپ قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى تېخىچە تولۇق چۈشەنمىگەنلىكىنى شۇ چاغدىلا سەزدى. ئۇنىڭغا مۇھەببەتكە مۇناسىۋەتلىك قانداقتۇر بىر نەرسىمۇ قېرىۋاتقاندەك تۇيۇلىۋاتاتتى.

ـ بۇ رەسىمنى ئالىدىغان ئادەممۇ چىقمىدى،- دېدى پولوۋنىكنىڭ خوتۇنى،- بۇنداق رەسىم ھەممە ئادەمنىڭ ئۆيىدە بار ئوخشايدۇ، ھەتتا مەن بارمىغان تۈركلەر ئولتۇراق رايونىمۇ قالمىدى.

پولكوۋنىكنىڭ چىرايىدا ئازاپلىق ئىپادە پەيدا بولدى.

ـ ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قېلىۋاتقانلىقىمىزنى ھەممە ئادەم بىلىپ بوپتۇ.

ـ تارتقۇلۇقنى يەتكۈچە تارتتىم،- دېدى ئايال،- سىلەر ئەرلەر ئۆينىڭ ئىشلىرىنى بىلمەيسىلەر، قازان قايناتمىغىنىمىزغا خېلى كۈنلەر بولغانلىقىنى قوشنىلارغا بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن، قازانغا تاش سالغان چاغلىرىممۇ بولدى.

ـ ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىشقۇ بۇ!- دېدى پولكوۋنىك ئۆز- ئۆزىدىن ھارسىنىپ.

پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى پاشىلىقتىن چىقىپ ئاسما كارىۋاتقا قاراپ ماڭدى.

ـ بولدى، ئەمدى خەق كۆرمىسۇن دەپ ئۆزىمىزنى قىينايدىغان ئىشلارنى قىلمايلى،- ئايالنىڭ ئاۋازى ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ كەتتى،- بۇنداق كۈندىن تويدۇم.

پولكوۋنىك قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ خوتۇنىنىڭ گېپىنى ئاڭلىدى.

ـ يىگىرمە يىل بولدى، ھەر قېتىملىق سايلامدا سىزگە بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈپ كەلدۇق. ئەمما، ئاخىر بېرىپ ئېرىشكىنىمىز ئوغلىمىزنىڭ ئۆلۈمى بولدى،- ئايال يەنە قوشۇپ قويدى،- ئوغلىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق.

پولكوۋنىك بۇنداق ئەيىبلەشلەرگە كۆنۈپ كەتكەنىدى.

ـ تېگىشلىك مەجبۇرىيتىمىزنى تولۇق ئادا قىلدۇق،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ ئەمما ئۇلار يىگىرمە يىلدىن بېرى كېڭەش پالاتاسىدىن ئېيىغا مىڭ پېسۇ ئېلىىپ خاتىرجەم ياشاپ كەلدى،- دېدى خوتۇنى،- سارۋاسقا قاراڭچۇ،ئىككى قەۋەتلىك ئۆيى، ھېسابسىز پۇلى بار. ئۇ ئەسلى بوينىغا يىلان ئارتىۋېلىپ بازاردا دورا ساتىدىغان بىر بىچارە ئادەمتىغۇ.

ـ ئۇ ھازىر دىئابىت كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ.

ـ لېكىن سىز ئاچلىق ئازابىنى تارتىۋاتسىز دە!- دېدى خوتۇنى،- ئىناۋەت ئابروي دېگەنى تاماق ئورنىدا يېگىلى بولمايدىغانلىقىغا ئەمدىغۇ ئىشەنگەنسىز.

تۇيۇقسىز قاتتىق چاقماق چېقىپ ئايالنىڭ گېپى ئۈزۈلۈپ قالدى. دەھشەتلىك گۈلدۈرماما ئاۋازى ھۇجۇرىغا بۆسۈپ كىردى. ئايال چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىنجىلنى ئېلىش ئۈچۈن پاشىلىققا يۈگۈردى.

پولكوۋنىك ئىختىيارسىز كۈلۈپ قويدى.

– بۇ ئىشقا سىزنىڭ زۇۋاندارلىقىڭىز سەۋەبچى،- دېدى پولكوۋنىك،- مەن سىزگە « تەڭرى بىزگە باشپاناھ بولىدۇ دەپ دائىم دەيمەنغۇ.»

راستىنى ئېيىتقاندا، پولكوۋنىك قاتتىق ئازابلىنىۋاتاتتى. بىر ئازدىن كىيىن چىراغنى ئۆچۈرۈپ چۇڭقۇر خىيال قاينىمىغا غەرق بولدى. ئىسىگە ماكوندو كەلدى. پولكوۋنىكنىڭ نئېللاندىيەدە بېرىلگەن ۋەدىنىڭ ئەمەلىيلىشىشنى كۈتۈپ كېلىۋاتقىنىغا ئون يىل بولغانىدى. چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا پولكوۋنىك خارامۇش بىر ھالەتتە پويىزنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆردى. پويىزغا شۇنداق جىق يولۇچى ۋە مال چارۋا چىققانىدىكى، ھەتتا پويىزنىڭ ئۈستىمۇ ئىسسىقتىن نەپەس ئالالماي قالغان ئادەملەر بىلەن لىق توشۇپ كەتكەنىدى. بۇ بانان ئىسسقى مەزگىلى بولغاچقا، يىگىرمە تۆت سائەت ئىچىدە پۈتكۈل بازار ئىچى باشقىچە بىر قىياپەتكە كىردى.

ـ مەن ماڭاي.بانان پۇرىقى ئۈچەيلىرىمنى سېسىتىۋەتمىسۇن يەنە.

پولكوۋنىك شۇنداق دەپ، 1906-يىلى 27- ئىيول(چارشەنبە) چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە، پويىزغا چۈشۈپ ماكوندودىن ئايرىلدى. يېرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۇ ئۆزىنىڭ نىئېللاندىيىدە تەسلىم بولغاندىن بېرى بىر مىنۇتمۇ ئارام تاپمىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ـ ئەمدى ئويلىنىپ ئولتۇرمايلى،- دېدى پولكوۋنىك كۆزىنى ئېچىپ.

ـ قايسى ئىشتا دەيسىز؟

ـ خورازنى سېتىۋېتەيلى،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەتە خورازنى ئاپىرىپ سارۋاسقا توققۇز يۈز پىسوغا سېتىۋېتەي.

دون سارۋاسنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى پىچىۋېتلگەن ماللارنىڭ ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ ئىشخانىغا ئاڭلاندى.

« ئۇ يەنە ئون مىنۇتقىچە كەلمىسە كېتەي» دەپ ئويلىدى. پولكوۋنىك ئىككى سائەت ساقلىغاندىن كېيىن. ئەمما ئۇ يەنە 20 مىنۇت ئولتۇردى. ئاخىر ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرىشىغا دون سارۋاس بىر توپ مەدىكارنى ئەگەشتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇ پولكوۋنىكنىڭ ئالدىدىن بىر قانچە قېتىم ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇنى كۆرمىدى. مەدىكارلار كەتكەندىن كېيىنلا پولكوۋنىكنى ئاندىن كۆردى.

ـ مېنى كۈتىۋاتقانمىدىڭىز، تۇغقىنىم؟

ـ ھەئە،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەگەر بەك ئەلدىراش بولسىڭزى كەچتىرەك كەلسەممۇ بولىدۇ.

ـ مەن ھازىرلا كېلىمەن،- دېدى ئىشىك ئالدىدا تۇرغان دون سارۋاس ئۇنىڭ گېپىگە ئېرەنشىمەي.

دىمىق ئىسسىق بولىۋاتقان چىڭقى چۈش مەزگىلى ئىدى. ئىشخانا ئىچى كۈن نۇرىدا باشقىچە يورۇق كۆرۈنەتتى. پولكوۋنىك ئىسسىقتىن دىمى سىقىلىپ ئىختىيارسىز كۆزىنى يۇمدى. ئۇ چۈشىدە خوتۇنىنى كۆردى.

شۇ ئەسنادا دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىرىپ كەلدى.

ـ ئۇخلاڭ، تۇغقىنىم،- دېدى ئايال،- مەن دېرىزىنى يېپىۋېتەي. بۇ ئىشخانا دوزاخنىڭ ئۆزىلىغۇ.

پولكوۋنىك پۈتۈنلەي ئىپادىسىز بىر ھالەتتە ئايالغا قاراپ تۇراتتى. ئايال دېرىزىنى يېپىۋەتكەندىن كېيىن غۇۋا ئۆي ئىچىدە:

ـ سىز دائىم چۈش كۆرەمسىز؟- دەپ سورىدى.

ـ بەزىدە چۈش كۆرىمەن،- دېدى پولكوۋنىك ئۇخلاپ قالغىنىغا خىجىل بولۇپ،- ھەمىشە چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ئۆمۈچۈك تورىغا ئىلنىشىپ قالغاندەك ھالەتتە كۆرىمەن.

ـ مەن ھەر كېچىسى يامان چۈشلەرنى كۆرۈپ چىقىمەن،- دېدى دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى،- چۈشۈمدە كۆرگەن ناتۇنۇش ئادەمنىڭ كىملىكىنى ھازىرلا بىلىۋالىمەن.

ئايال شامالدۇرغۇچنى ئاچتى.

ـ ئۆتكەن ھەپتە بىر چۈش كۆرگەنىدىم،- دېدى ئۇ،- قارىغۇدەك بولسام بىر ناتۇنۇش ئايال كارىۋىتىمنىڭ بېشىدا تۇرغۇدەك. مەن يۈرىكىمنى قاپتەك قىلىپ ئۇنىڭدىن:« سىز كىم؟» دەپ سورىدىم. ئۇ: « مەن يىگىرمە يىل ئىلگىرى مۇشۇ ئۆيدە ئۆلۈپ كەتكەن ئايال» دەپ جاۋاب بەردى.

ـ بۇ ئۆينىڭ سېلىنغىنىغا ئەمدى ئاران ئىككى يىل بولغان تۇرسا؟

ئۇغۇ راسىت،- دېدى دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى،- دېمەك، بۇنىڭدىن ئۆلۈكنىڭمۇ خاتالىشىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.

شامالدۇرغۇچنىڭ غوڭۇلدىشى ئۆي ئىچىنى تېخىمۇ گۇڭگا قىلىۋەتتى. پولكوۋنىك بىرەر باھانە تېپىپ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتەي دەپ تۇرغاندا، دون سارۋاس غوجىدارى بىلەن  كىرىپ كەلدى.

ـ شورپىڭىزنى تۆت قېتىم ئىسىتىپ بولدۇم جۇمۇ،- دېدى خوتۇنى دون سارۋاسقا.

ـ خالىساڭ ئون قېتىم ئىسىت!- دېدى دون سارۋاس،- لېكىن ماڭا دەخلى قىلما.

دون سارۋاس پۇل ساندۇقىنى ئېچىپ بىر تۇتام پۇلنى غوجىدارغا بەردى ۋە نېمىلەرنىدۇر تاپىلىدى. غوجىدارى دېرىزىنى ئېچىپ پۇلنى بىر قېتىم ساناپ چىقتى. دون سارۋاس پولكوۋنىكنىڭ ئىشخانىدا ئىكەنلىكىنى سەزدى، ئەمما ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەي غوجىدارى بىلەن پارىڭىنى قىلىۋەردى. ئاخىر غوجىدارىنى ئەگشتۈرۈپ يەنە ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا، پولكوۋنىك ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. دون سارۋاس ئىشىكنىڭ يېنىغا بېرىپ بولۇپ قەدىمىنى توختاتتى.

ـ بىر نەرسە لازىممىتى، تۇغقىنىم؟

پولكوۋنىك غوجىدارنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى سەزدى.

ـ ھېچنىمە لازىم ئەمەس، تۇغقىنىم،- دېدى پولكوۋنىك،- سىز بىلەن پاراڭلىشاي دېگەنىدىم.

ـ نىمە ئىشتى، تېزرەك ئېيتىڭ،- دېدى دون سارۋاس،- ۋاقتىم بەك زىچ.

گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە دون سارۋاس قەدىمىنى توختىتىپ، بىر قولىنى ئىشىك ھالقىسىغا ئۇزاتتى. پولكوۋنىكقا ئارىدىكى بەش سىكونت ھاياتىدىكى ئەڭ تەستە ئۆتكەن ۋاقىتتەك تۇيۇلۇپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ چىشىنى چىڭڭىدە چىشلەپ ئكزىنى بېسىۋالدى.

ـ خورازنىڭ ئىشى توغرىلىق پاراڭلىشاي دېگەنىدىم،- دېدى پولكوۋنىك زەئىپ ئاۋازدا.

دون سارۋاس ئىشىكنى ئاچتى.

ـ خورازنىڭ ئىشى توغرىلىق دەڭ،- دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ ۋە پولكوۋنىكنى تۈرتۈپ دېگۈدەك كارىدۇرغا ئېلىپ چىقتى،- دۇنيا گۇمران بولۇۋاتسا خورىزىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرگىنىنى بۇ تۇغقىنىمنىڭ،- ئۇ بىر ئازدىن كېيىن پولكوۋنىكقا قاراپ قوشۇپ قويدى،- ئۇنداق بولسا ناھايىتى ياخشى، مەن بىردەمگىچە كېلىمەن.

پولكوۋنىك ئىككىسىنىڭ ئاياغ تىۋىشى كارىدورنىڭ ئۇ تەرىپىگە يەتكەنگە قەدەر ئىشخانىنىڭ ئوتتۇرسىدا قىمىر قىلماي تۇرۇپ قالدى، بىر ئازدىن كېيىنلا ئىشخانىدىن چىقىپ بازار تەرەپكە قاراپ ماڭدى. چۈش ۋاقتى بولغاچقا، بازار بىر خىل بىسەرەمجانلىق ئىلكىدە كۆزگە تاشلىناتتى. ماشىنچىخانىدا ئادەم يوق، دوختۇرنىڭ شىپاخانىسىمۇ ئېچىلمىغانىدى. سۈرىيلىكنىڭ دۇكىنىغا قارايدىغان ئادەم يوق ئىدى. بىر ئادەم پورتتىكى تۆت نىفىت تۇڭىنىڭ ئۈستىدە يۈزىگە چىغ قالپىقىنى قويغىنىچە ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.« بازاردا مەندىن باشقا ھەرىكەتلىنىۋاتقان نەرسە يوق ئوخشايدۇ» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن پولكوۋنىك ئۆي تەرەپكە ماڭدى.

خوتۇنى چۈشلۈك تاماقنى تەييار قىلىپ پولكوۋنىكنى ساقلاپ ئولتۇرغانىدى.

ـ چۈشلۈك تاماقنىڭ خۇرۇچلىرىنى نىسىگە ئەكەلدىم. پۇلىنى ئەتە بېرىدىغان بولدۇم،- دېدى خوتۇنى چۈشەندۈرۈپ.

تاماق ئۈستىدە پولكوۋنىك ئۈچ سائەتتىن بېرى بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.خوتۇنى ئۇنىڭ گەپلىرىنى سەۋرسىزلىك بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇراتتى.

ـ گەپ سىزنىڭ بوشاڭلىقىڭىزدا،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىكنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن،- خەقنىڭ ئالدىغا تىلەمچىدەك بارغىنىڭىزغا قارىا. ئەسلىچۇ، قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ بارغان پېتى سارۋاسنى بىر ياغقا چاقىرىپ:« تۇغقىنىم، خورازنى سىزگە سېتىپ بېرەي دەۋاتىمەن» دېگەن بولسىڭىز توغرا بولاتتى.

ـ سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولغان بولسا، ئىش بەك ئوڭاي پۈتكەن بولاتتى،- دېدى پولكوۋنىك.

ئايالىنىڭ تۇرقىدىن بۆلەكچە چېچەنلىك چىقىپ تۇراتتى. شۇ كۈنى ئەتىگىنى ئۇ ئۆينى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئۇسۇلدا ئۆزىنى ياسىدى؛ پۇتىغا ئېرىنىڭ كونا ئايىغىنى كىيىپ بېلىگە مايلىشىپ كەتكەن پەرتۇقىنى باغلىدى، بېشىغا كونا بىر پارچە رەخىتنى چىگدى.

ـ سودا قىلىشقا پەقەتلا ئېپىڭىز يوق،- دېدى خوتۇنى،- ئادەم دېگەنچۇ، نەرسە ساتقىدەك بارغاندا ئۆزىنى ھەقىقىي ساتارمەندەك كۆرسىتىش كېرەك.

خوتۇنىنىڭ بۇنداق ياسىنىشى پولكوۋنىكقا بەك قىزىق تۇيۇلدى.

ـ مانا مۇشۇنداق تۇرۇڭچۇ،قىمىرلىماڭ دەيمەن!- پولكوۋنىك ھىجىيىپ خوتۇنىنىڭ گېپىنى بۆلدى،- شۇ تاپتىكى ھالىتىڭىز« كۋاركى» سولو سودا ماركىسىدىكى ئادەملەرگە تولىمۇ ئوخشىدى.

خوتۇنى چىگىۋالغان كونا رەخىتنى بېشىدىن يۇلىۋالدى.

ـ سىىزگە چاقچاق قىلىۋاتقىنىم يوق،- دېدى ئۇ،- مەن ھازىرلا خورازنى دون سارۋاسنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بارىمەن. بىز دو تىكىشەيلى، نېمىدىن تىكىشسەك مەيلى. يېرىم سائەتتىن كېيىن ئالدىڭىزغا توققۇز يۈز پىسونى ئېلىپ كەلمىسەم ھېساب ئەمەس.

ـ بېشىڭىز قېيىپ قاپتۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- بىز خورازنىڭ پۇلىغا دو تىكىشىپ بولدۇققۇ.

پولكوۋنىك خېلى ئۇزۇن سۆزلەپ خوتۇنىنى تەستە قايىل قىلدى. ئايال چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىنى كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئالىدىغان نەرسىلەرنىڭ پىلانىنى سوقۇش، جۈمە كۈنى خەت كۈتىدىغان كۈنلىرىنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكى توغرىسىدا خىيال سۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن، توققۇز يۈز پىسونى مۇشۇنداقلا كۈتۈۋېلىشقا رايى بارماي ئۆي ئىچىنى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرغان،  يەنە ئۆزىگە ئېھتىياجلىق مۇھىم نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكىنى يېزىپ چىققانىدى.  پىلانىدا ھەتتا پولكوۋنىكقا يېڭى ئاياغ ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇمىغان، ئەينەكنى ئالغاندا قويىدىغان يەر توغرىلىقمۇ ئويلىنىپ قويغانىدى. ئەمما بۇ شىرىن ئارمانلىرىنىڭ ھەش- پەش دېگۈچە بەربات بولۇشى ئايالغا بەكلا ھار كەلدى.

 ئۇ چۈشتە بىردەم ئۇخلاپ ئورنىدىن تۇرغاندا، پولكوۋنىك ھويلىدا ئولتۇراتتى.

ـ نىمىش قىلىۋاتسىز؟

ـ ئويلىنىۋاتىمەن،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ ئەمسە بۇ ئىشمۇ يوققا چىقىپتۇ-دە، – توققۇز يۈز پىسونى 50 يىلدىن كېيىن ئالغۇدەكمىز.

ئەمەلىيەتتە پولكوۋنىك چۈشتىن كېيىنلا سېتىۋېتىش خىيالىغا كېلىپ بولغانىدى.« دون سارۋاس شۇ تاپتا ئىشخانىسىدا يالغۇز ئولتۇرغاندۇ، شامالدۇرغۇچىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقاندۇ» ئۇ شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزىۋېتىپ، دون سارۋاسنىڭ ئۆزىگە قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى پەملەپ بولدى.

ـ خورازنى ئېلىپ بېرىڭ،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىك ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا،- ئىللىق چىراي مۆجىزە يارىتايلى.

پولكوۋنىك بۇنداق قىلىشقا قارشى ئىدى. خوتۇنى ئۇنى ئۈمىدسىزلىك ۋە تىت- تىتلىق ئىلكىدە دەرۋازىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى.

ـ ئىشخانىسىدا ئادەم بولسا كارايىتى چاغلىق،- دېدى ئايال،- ئۇنىڭ بىلىگە مەھكەم ئېسىلىڭ. توققۇز يۈز پىسۇنى بەرمىسە ھەرگىز قويىۋەتمەڭ.

ـ خەقلەر بىزنى بىرەر نەرسىنى بۇلاشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ، دەپ قالسىچۇ.

خوتۇنى پولكوۋنىكنىڭ گېپىگە ئېرەنشىمىدى.

ـ ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز دېگەن خورازنىڭ ئىگسى،- دېدى ئايال يەنە تاپىلاپ،- ئۇنىڭغا ياردەم بەرگىلى كېتىۋاتىسىز.

ـ چۈشەندىم.

دون سارۋاس ھۇجرىسىدا دوختۇر بىلەن بىللە ئىدى.

ـ ئۇنىڭ بىلەن بىر ياققا چىقىپ كەتمەستە دەرھال كۆرۈشۈڭ،- دېدى دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى پولكوۋنىكقا،- ئۇ قورۇققا بارماقچى. دوختۇر ئۇنىڭغا تەييارلىقىنى قىلىشىپ بېرىۋاتىدۇ. بۈگۈن ماڭسا پەيشەنبە كۈنى ئاران قايتىپ كېلەلەيدۇ.

پولكوۋنىك ئىككىلىنىپ قالدى. بۇ يەرگە خورازنى سېتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، نىمىشقىدۇر « بىر سائەتتىن كېيىن كەلگەن بولسامچۇ» دەپ ئويلاپ قالدى. چۈنكى ئۇ دون سارۋاس بىلەن كۆرۈشۈشتىن قورقۇپ تۇراتتى.

ـ بولمىسا كەلگۈچە ساقلاپ تۇرساممۇ بولىدۇ،- دېدى پولكوۋنىك.

ئەمما، دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى پولكوۋنىكنى ئېرى بىلەن كۆرۈشۈشكە زولاپ تۇرىۋالدى. ئايال ئۇنى ھۇجرىسىغا باشلاپ كىردى. دون سارۋاس ئىچ ئىشتان كىيگەن، نۇرسىز كۆزلىرىنى دوختۇرغا تىككەن ھالدا كارىۋاتتا ئولتۇراتتى. دوختۇر بىمارنىڭ كىچىك تەرىتى ئېلىنغان .ەيبەك پروبىركىنى قىزىتىپ، ئۇنى پۇراپ باققاندىن كىيىن قەغەزگە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بىر بەلگىنى يازدى. پولكوۋنىك ئاڭغىچە كۈتۈپ تۇردى.

ـ بەلكىم ئۇنى سېتىۋېتىش كېرەكتۇ،- دېدى دوختۇر پولكوۋنىك تەرەپكە كېلىۋېتىپ،- دىئابىت كېسىلى بايلارنىڭ جېنىنى تېز ئالالمايدۇ.

ـ سىز ئىنسۇلىننى ئىشلىتىپ بارلىق تىرىشچانلىقىڭىزنى كۆرسەتتىڭىز،- دېدى دون سارۋاسلەشتەك ساڭگىلاپ كەتكەن كاسىسىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ،- ئەمما مەن خەقنىڭ ئوڭاي چىشى ئۆتمەيدىغان مىخ،- ئۇ ئارقىدىن پولكوۋنىكقا قاراپ دېدى،- كېلىڭ، تۇغقىنىم. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سىزنى ئىزدەپ چىقىپ شىلەپىڭىزنىمۇ كۆرمىدىم.

ـ مەن ئادەتتە شىلەپە كىيمەيمەن، بولمىسا خەق بىلەن كۆرۈشكەندە ئادەم بېشىنى تولا ئېلىپ ئاۋارە بولۇپ كېتىدىكەن.

دون سارۋاس كىيىمىنى كېيىشكە باشلىدى. دوختۇر قان ئۈلگىسى ئېلىنغان پروبىركىنى چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سالغاندىن كېيىن دورا ساندۇقىنى يىغىشتۇردى. « دوختۇر ئەمدى كېتىدىغان بولدى» دېدى پولكوۋنىك.

ـ دوختۇر، ئەگەر مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولسا، بۇ تۇغقىنىمدىن يۈزمىڭ پىسۇ ئالغان بولاتتىم،- دېدى پولكوۋنىك،- بۇنداق قىلسىڭىز ئۇنچە ئالدىراش بولۇپ كەتمەيسىز ئەمەسمۇ.

ـ مەن ئۇنىڭغا بۇ سودىنى قىلىش تەكلىپىنى بەردىم، ئەمم ابۇنىڭ ئۈچۈن بىر مىلىيون پىسو خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ،- دېدى دوختۇر،- نامراتلىق دىئابىت كىسىلىنى داۋالايدىغان ئەڭ شىپالىق دورا.

ـ رېتسىپىڭىزغا رەھمەت،- دېدى دون سارۋاس تومپىيىپ چىققان قورسىقىنى ئىشتىنىڭ ئىچىگە تىقىشقا تىرىشىۋېتىپ،- ئەمما بېيىش ئاپىتىگە ئۇچرىماسلىقىڭىز ئۈچۈن بۇ رېتسىپىڭىزنى قوبۇل قىلمايمەن.

دوختۇر خاتىرجەم قىياپەتتە سائىتىگە قاراپ قويدى. دون سارۋاس ئۆتىكىنى كىيىۋېتىپ ئويلىمىغان يەردىن:

ـ دەڭچۇ، تۇغقىنىم. خورىزىڭىغا نىمە بولدى،- دەپ سورىدى.

پولكوۋنىك دوختۇرنىڭمۇ ئۆزىدىن جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقىنى سېزىپ چىشىنى چىڭ چىشلىدى.

– ھېچنىمە بولمىدى، تۇغقىنىم،- دېدى پولكوۋنىك پەس ئاۋازدا،- مەن ئۇنى سىزگە ساتقىلى كەلگەنتىم.

– ياخشى بوپتۇ، تۇغقىنىم،- دېدى دون سارۋاس ھېچ ئىش بولمىغاندەك،- ئەمدى خېلى ئەقلىڭىزنى تېپىپسىز.

– يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالدى. بۇنداق ئىشلارنى قىلسام ياراشمايدۇ،- پولكوۋنىك دوختۇرنىڭ چىرايىدىكى چۈشىنىكسىز ئالامەتلەرنى كۆرۈپ دەرھال چۈشەندۈردى،- يىگىرمە ياش كىچىك بولغان بولسام، ئۇنىڭدا يەنە باشقىچە ئىش بولاتتى.

– سىز مەڭگۈ يىگىرمە ياش ياشىرىپ قالغاندەك تۇرىسىز،- دېدى دوختۇر.

پولكوۋنىك ئۇلۇغ- كىچىك تىندى. ئۇ دون سارۋاسنىڭ يەنە ئازراق بىر نىمە دېيىشىنى كۈتكەنىدى. ئەمما بۇ ئادەمدىن ئارتۇق سادا چىقمىدى.

ئۇ سىيرىتمىلىق خۇرۇم چاپىنىنى كىيىپ ھۇجرىدىن چىقاي دەپ تۇرغاندا، پولكوۋنىك:

– خالىسىڭىز كېيىنكى ھەپتە پاراڭلىشايلى،- دېدى.

– سىزگە دەي دەپ تۇراتتىم،- دېدى دون سارۋاس،- مېنىڭ بىر خېرىدارىم بار. خورىزىڭىزنى تۆت يۈز پىسۇغا ئېلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنى پەيشەنبىگىچە ساقلايمىز.

– قانچىگە دېدىڭىز؟- سورىدى دوختۇر.

-تۆت يۈز پىسوغا.

– بۇ خورازنى نۇرغۇن پۇلغا يارايدۇ دەپ ئاڭلىغانتىمغۇ،- دېدى دوختۇر.

– سىز ماڭا خورازنى توققۇز يۈز پىسوغا ساتقىلى بولىدۇ دېگەن،- دېدى پولكوۋنىك،- بۇ پۈتۈن ئۆلكە بويىچە خورازلارنىڭ ئالدى دەڭا.

دوختۇرنىڭ گېپىگە دون سارۋاس جاۋاب بەردى:

-بۇرۇن بولغان بولسا بۇ خورازنى ھەرقانداق ئادەم مىڭدىن ئاشۇرۇپ ئالاتتى. ئەمما ھازىر خەقلەر ياخشى خورازلىرىنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشقا پېتىنالمايدۇ. چۈنكى، توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۇنىڭغا ھامان ئوق تېگىش خەۋىپى بار،- ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ پولكوۋنىكقا قارىدى. پولكوۋنىكنىڭ چىرايىدىن كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولۇۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

– سىزگە دېمەكچى بولغانلىرىم شۇنچىلىك، تۇغقىنىم.

پولكوۋنىك« بولىدۇ» دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتتى.

– بوپتۇ ئەمسە.

پولكوۋنىك ئۇلارغا ئەگىشىپ كارىدوردىن ئۆتتى. دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى «ئادەمگە تۇيۇقسىز يېپىشىدىغان كېسەللەر » گە دورا يازدۇرىۋېلىش ئۈچۈن دوختۇرنى تۆر ئۆيدە ئېلىپ قالدى. پولكوۋنىك ئىشخانىدا دوختۇرنى كۈتۈشكە باشلىدى. دون سارۋاس پۇختا ئېتىلگەن پۇل ساندۇقىنى ئېچىپ، ھەممە يانچۇقىغا لىق پۇل سالدى ۋە تۆت پارچە قەغەز پۇلنى پولكوۋنىكقا سۇندى:

– بۇ ئاتمىش پىسونى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ، تۇغقىنىم،- دېدى دون سارۋاس،- خورازنى ساتقاندىن كېيىن ھېسابلىشىۋالارمىز.

پولكوۋنىك دوختۇر بىلەن پورتتىكى بازاردىن ئۆتتى. كەچنىڭ سالقىن ھاۋاسىدا ئۇ يەر يەنە قىزىپ كەتكەنىدى. لىق شېكەر قومۇچى بېسىلغان بىر كىمە ئېقىن بىلەن بىر يۆنىلىشتە كېلىۋاتاتتى. پولكوۋنىك دوختۇرنىڭ بەكلا جىمىپ كەتكەنلىكىنى سەزدى.

– سىزگە نېمە بولدى، دوختۇر؟

دوختۇر مۈرىسىنى چىقىرىپ قويدى.

– ھېچ ئىش يوق،- دېدى دوختۇر،- ئۆزۈمنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.

– شۇ يامغۇرنىڭ كاساپىتى،- دېدى پولكوۋنىك،- مېنىڭ ئۈچەيلىرىممۇ سېسىپ كېتەي دېدى.

دوختۇر دۇكانلىرىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان سۈرىيلىكلەر بىلەن توختىماي سالاملىشىپ مېڭىۋاتقان پولكوۋنىكقا ئادەتتىكى بىر نەزەر بىلەن سىنچىلاپ قارىدى. شىپاخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پولكوۋنىك دوختۇرغا خوراز سېتىش ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى ئېيىتتى.

– بۇ خورازنى سېتىۋەتمەي ئامالىم يوق، دېدى ئۇ دوختۇرغا چۈشەندۈرۈپ،- بۇ ھايۋان ئادەمنىڭ گۆشىنى يەيدۇ ئەمەسمۇ؟

– ئادەمنىڭ گۆشىنى يەيدىغان بىردىنبىر ھايۋان دون سارۋاس،- دېدى دوختۇر،- كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇ بۇ خورازنى باشقىلارغا توققۇز يۈز پىسوغا ساتىدۇ.

– شۇنداقمۇ قىلارمۇ؟

– بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ،- دېدى دوختۇر،- بۇ ھېلىقى يىلى ئۇنىڭ بازار باشلىقى بىلەن تۈزگەن داڭلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك كېلىشىمىگە ئوخشاشلا قالتىس پايدىسى تېگىدىغان سودا.

پولكوۋنىك دوختۇرنىڭ گېپىگە تەستە ئىشەندى.

– مېنىڭ تۇغقىنىم ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا بۇ كېلىشىمنى تۈزگەن،- دېدى پولكوۋنىك،- ئۇنىڭ بازاردا قالالىشىدىكى سەۋەبمۇ شۇ.

– ئۇ ئاشۇ كېلىشىمنى تۈزگىنى ئۈچۈنلا بازار باشلىقى قوغلىۋەتكەن يولداشلىرىنىڭ مال- مۈلكىنى يېرىم باھادا ئالالىغان، دېدى دوختۇر پولكوۋنىكنىڭ گېپىگە رەددىيە بېرىپ.

دوختۇر ئاچقۇچنى يانچۇقىدىن تاپالماي ئىشىكنى چەكتى، ئاندىن ئۆزىنىڭ گېپىگە دەرگۇمان بولۇپ تۇرغان پولكوۋنىكقا قارىدى.

– ساددىلىق قىلماڭ،- دېدى ئۇ،- دون سارۋاس پۇلىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدۇ.

– شۇ كۈنى كەچلىكى پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى نەرسە ئېلىش ئۈچۈن سىرىتقا چىقتى. پولكوۋنىك ئۇنىڭ بىلەن سۈرىيلىكنىڭ دۇكىنىغا بىللە بارغاچ دوختۇر ئۆزىگە ئاشكارىلىغان ئىشلار توغرىلىق ئويلاندى.

– يۈرۈڭ، ھېلىقى يىگىتلەرنى ئىزدەپ تېپىپ خورازنى سېتىۋەتكەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىكقا،- ئۇلا ريەنە ئۈمىدلىنىپ يۈرىۋەرمىسۇن.

– سارۋاس كەلمىگۈچە خوراز ساتمىغانغا ھىساب،- دېدى پولكوۋنىك.

ئۇ بېلىيارتخانىدا قىمار ئويناۋاتقان ئارۋالوغا ئۇچىرشىپ قالدى. يەكشەنبە كۈنى كەچتى بىليارتخانىنىڭ ئىچى قايناپ كېتەتتى. رادىئو ئەڭ يۇقىرى ئاۋازدا قويۇلغان، ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان مۇزىكا كىشىنى تېخىمۇ دىمىق ئىسسقتا تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قوياتتى. پولكوۋنىك ئاشۇ ئاجايىپ رەڭلىك سانلارغا قاراپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقاردى. تاۋكا ئورنىدا قويۇلغان ئۇزۇن، قارا كىليونكا ئۈستىگە يېزىلغان سانلار ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدىكى ساندۇق ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان چىراغنىڭ يورۇقىدا باشقىچە نۇرلۇق كۆرۈنەتتى. ئارۋالو دەسمايىسىنى «23» دېگەن سانغا دو تىكىۋىدى، ئاخىر ھەممىسىدە ئۇتتۇرىۋەتتى.

ئارۋالونىڭ ئارقىسىدا تاۋكانى كۆزىتىپ تۇرغان پولكوۋنىك توققۇزىنچى يولدا« 11» نىڭ تۆت قېتىم پەيدا بولغىنىنى كۆردى.

– 11 گە تىكىڭ،- دېدى پولكوۋنىك ئارۋالونىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلاپ،-«11» ھازىرغىچە نەچچە قېتىم كۆرۈندى.

– ئارۋالو تاۋكانى ئەستايىدىل كۆزەتكەندىن كېيىن كېيىنكى يولدا پۇل تىكمىدى. ئارۋالو ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدىن پۇل ئېلىپ ئۇنىڭدىن بىر ۋاراق قەغەز پۇلنى ئايرىۋالدى ۋە شىرەنىڭ ئاستىدىن پولكوۋنىكقا سۇنۇپ بەردى ۋە:

– ئاۋگوستنىڭ ھەققى،- دەپ قوشۇپ قويدى.

پولكوۋنىك پۇلنى چاندۇرماي يانچۇقىغا سالدى. ئارۋالو« 11» گە بىر مۇنچە پۇل تىكتى.

– باشلىنىشقا ئاز قالدى،- دېدى پولكوۋنىك.

– ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى بولسا كېرەك،- دېدى ئارۋالو.

 غايەت زور رەڭلىك چاقلار ھەرىكەتكە ئۆتكەندىن كېيىن ئەتراپتا تۇرغان قىمارۋازلار پۇلىنى باشقا سانلاردىن ئېلىۋېلىپ«11» نىڭ ئۈستىگە قويدى. سورۇندىكى كىشىنى ھەم خۇمار قىلىپ قويىدىغان، ھېسياتنىڭ تەمىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتاتتى.

ئەمما ئوتتۇرغا«5» چىقتى.

– كەچۈرۈڭ،- دېدى پولكوۋنىك قاتتىق خىجالەت بولۇپ.

ئۇ ئېيىتقۇسىز خىجىللىق ئىچىدە تاياقچىنىڭ ئارۋالونىڭ پۇلىنى ئالدىدىن سېىرىپ ئېلىپ كەتكىنىگە قاراپ تۇردى،- ھەممىسى مېنىڭ ئاتىكاچىلىقىمدىن بولدى.

ئارۋالو كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى.

– بولدى، غەم قىلماڭ، پولكوۋنىك. ھېسىيات مەيدانىدىكى تەلىيىمنى سىناپ باقسام بولىدىغۇ.

– سۇناي بىلەن ئورۇندالغان مانبو①(لاتىن ئامېرىكىسىدا مودا بولغان مۇزىكا) مۇزىكىسى تۇيۇقسىز ئوتتۇرىدىن ئۈزۈلۈپ قالدى. قىمارۋازلار قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دەرھال تارقىلىشتى. پولكوۋنىك كەينى تەرەپتىن مىلتىقنىڭ زاتورى قايرىلىۋاتقان چاغدىكى قورقونچلق ئاۋازنى ئاڭلىدى. يانچۇقىدا يەر ئاستى تەشۋىقات ۋەرەقىسىنى ساقلىغىنى ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نىشانى بولۇپ قالغانلىقى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى. پولكوۋنىك كەينىگە بۇرۇلدى، ئەمما قولىنى كۆتۈرمىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئوغلىغا ئوق چىقارغان ھېلىقى ئادەمنى تۇنجى قېتىم يېقىندىن كۆرۈپ تۇرىۋاتاتتى. ئۇدۇل تەرەپتە پولكوۋنىكقا مىلتىق تەڭلەپ تۇرغان بۇ ئادەمنىڭ بويى پاكار، تېرىسى قارا، ئۆزى ئىندىئانلارغا ئوخشايتتى، تېنىدىن بىر خىل سېسىق سۈت ھىدى كېلەتتى. پولكوۋنىك چىشىنى چىشلەپ، مىلتىقنىڭ ئىستىۋولىنى ئۆزىدىن ئاستا نېرى قىلدى.

– خاتالاشتىڭىز،- دېدى پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك ساقچىنىڭ شەپەرەڭنىڭكىدەككىچىك ھەم يۇمىلاق كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىدى. بىر ھازاغىچە ئۆزىنى ئاشۇ كۆزلەر يۇتۇۋېتىپ يەنە دەرھال چىقىرۋەتكەندەك بىر خىل تۇيغۇدا سەزدى.

-قېنى مەرھەمەت، پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك دېكابىرنىڭ كىرىپ قالغىنىغا دېرىزىنى ئاچمايلا ھۆكۈم قىلدى. ئۇ ئاشخانىدا مېۋىلەرنى ئۇششاق توغراپ خورىزىغا ئەتىگەنلىك تاماق ئورنىدا بېرىۋاتقاندا، سېزىملىرى دېكابىرنىڭ ئاللىبۇرۇن كىرىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بولدى.بىر ئازدىن كېيىن ئاشخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. ھويلىدىكى مەنزىرە ئۇنىڭ سەزگۈلىرىنىڭ ئالدىمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. بۇ – ھەم گۈل- گىياھ، ھەم دەل- دەرەخ ئۆسكەن ئاجايىبلا ھويلا ئىدى.

پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى كارىۋاتتا توققۇزغىچە ياتتى. ئۇ ئاشخانىغا كىرگەندە، پولكوۋنىك ئۆزى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇپ قويغان ئۆيدە بىر توپ بالىلار بىلەن خوراز توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. ئۆي ئىچىنى بالىلار بىر ئالغاچقا، ئايال ئوچاقنىڭ بېشىغا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئايلىنىپ ئۆتتى.

_ سىلەر قورقماڭلار،- دېدى ئايال ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋە غەمكىنلىك ئىچىدە خورازغا لاپپىدە قاراپ قويۇپ،- مېنىڭچە ھازىر بۇ شۇم خورازنى كۆزدىن يوقىتىشنىڭ ۋاقتى ئەمەس.

پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەندى. خورازنىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق ئىدى. مەشىققە چىقىشقا تەييار تۇرغان بۇ خورازنىڭ تۈكسىز بوينى، يوغان پاچىقى ۋە ئۇزۇن تاجىسى ئۇنى تولىمۇ ئاۋارە، بىچارە كۆرسىتىپ قويغانىدى.

-خورازنىڭ ئىشىنى قويۇپ تۇرۇپ، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ بېقىڭچۇ،- دېدى پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى بالىلار كەتكەندىن كېيىن،- مۇشۇنداق چاغدا بىر پارچە رەسىمگە چۈشۈۋالغان بولساق- ھە.

ئايال بېشىنى دېرىزىنىڭ سىرتىغا چىقاردى. ئەمما چىرايىدا ھېچقانداق ھاياجانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى.

-مەن مۇشۇنداق ئەتىرگۈلنى ياخشى كۆرىمەن،- دېدى ئۇ ئوچاقنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىۋېتىپ.پولكوۋنىك ساقال ئېلىش ئۈچۈن ئەينەكنى ئاچىلىق جاھازىغا ئېلىپ قويدى.

 – ئەتىرگۈل تېرىغۇڭىز كەلسە تېرىمامسىز،- دېدى ساقال ئېلىۋاتقاندىكى ھەرىكىتىنى ئەينەكتە كۆرۈپ تۇرۇپ.

– ئەتىرگۈلنى چوشقا يەۋەتسىچۇ؟- دېدى خوتۇنى.

– ئۇ چاغدا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەتىرگۈل سەمرىتكەن چوشقىنىڭ گۆشىتاتلىق بولۇشى مۇمكىن.

پولكوۋنىك ئەينەكتىن خوتۇنىنىڭ يەنىلا بايىقىدەك بىر ئىپادىدە تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ خوتۇنىغا تىكىلىپ قارىغاچ ساقىلىنى كونا ئادىتى بويىچە سىلاپ- سىيپاشتۇرۇپ ئالدى. خوتۇنى خېلىغىچە ئۆزىنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالدى.

– مېنىڭ ئەتىرگۈل تېرىغۇم يوق،- دېدى ئۇ.

– مەيلى،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەمسە تېرىماڭ.

پولكوۋنىك يېقىندىن بېرى ئۆزىنى خېلى روھلۇق سېزىۋاتاتتى. دىكابىرنىڭ كىرىشى بىلەن قورسىقىنىڭ ئاغرىقىمۇ يوقاپ كەتتى. بۈگۈن ئەتىگەن يېڭى ئايىغىنى كىيىۋېتىپ پولكوۋنىكنىڭ كۆڭلى نېمىشقىدۇر يېرىم بولۇپ قالدى، خېلى ئېيتىشىپمۇ ئاياغنى پۇتىغا پاتقۇزالمىدى، شۇنىڭ بىلەن نائىلاج كونا كالتە جونجىلىق ئۆتۈكىنى كىيدى. خوتۇنى بۇ ئۆزگىرىشنى ھەش- پەش دېگۈچە بايقاپ ئۈلگۈردى.

– يېڭى ئاياغنى كىيىپ كۆندۈرمىسىڭىز، پۇتىڭىزنى مەڭگۈ مۇشۇنداق قىستايدۇ.

– كىيسە ماڭغىلى بولمايدىغان ئاياغكەن بۇ،- دېدى پولكوۋنىك گەپ بەرمەي،- بۇنداق ئاياغنى بىر ئاي كىيىپ ئاندىن سېتىۋەتسەك بولغۇدەك.

– پولكوۋنىك« بۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەت كېلىپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن ئويدا كوچىغا چىقتى. چۈنكى، پوچتا پاراخوتى ۋاقتىدا كېلەلمىگەنىدى. ئۇ دون سارۋاسنى ئىشخانىسىدا كۈتۈشكە باشلىدى. ئارىدا بىرەيلەن ئۇنىڭغا دون سارۋاسنىڭ دۈشەنبە كۈنىلا قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى. پولكوۋنىك بۇنداق بۇلارىنى كۈتمىگەنىدى. ئەمما ئۇ ئۈمىدسىزلەنمەي:« ئىشقىلىپ بەرىبىر كېلىدىغۇ» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەچ پورت تەرەپكە قاراپ ماڭدى. قىزىق يېرى، پورت ھەش- پەش دېگۈچە ئەتىگەنلىك شەپەقنىڭ نۇرلىرى بىلەن قاپلانغانىدى.

– پۈتۈن بىر يىل دىكابىردىكىدەك ئۆتسە- ھە،- دەپ غۇدۇرىدى ئۇ سۈرىيلىك مۇرسەلىسنىڭ ئىشخانىسىدا ئولتۇرىۋېتىپ،- بۇ ئايدا ئادەمنىڭ كۆڭلى باشقىچە .

سۈرىيىلىك مۇرسەلىسبۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ئەرەب تىلىغا تەستە ئۆرۈيەلىدى. ئۇ مۇلايىم ئادەم ئىدى، پۈتكۈل بەدىنىنىڭ، ھەتتا كاللىسىنىڭ تېرىسىمۇ شۇنداق سىلىق، پارقىراق ئىدى. ھەربىر ھەرىكىتى كىشىگە سۇدا تۇنقىقىپ قېلىپ ھەدەپ تىپىرلاۋاتقان ئادەمنى ئەسلىتەتتى. ھەرھەقىقەت، ئۆزىمۇ كىشىگە سۇدىن بايىلا سۈزىۋېلىنغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.

– ئىلگىرى شۇنداق ئىدى،- دېدى مۇرسەلىس،- ھازىرمۇ مۇشۇنداق بولغان بولسا مەن 897 ياشقا كىرگەن بولاتتىم. سىزچۇ؟

– 75 ياشقا،- دېدى پولكوۋنىك پوچتىكەشتىن كۆزىنى ئۈزمەي. ئۇ شۇ چاغدىلا پاراخوتتا سېرىك ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆردى، پوچتا پاراخوتىدىكى رەڭدار نەرسىلەر ئارىسىدىن ياماق سېلىنغان چىدىرنى تونىدى. بىر ئازدىن كېيىن نەزىرىنى پوچتىكەشتىن يۆتكەپ، باشقا پاراخورتلارغا دۆۋىلەپ قويۇلغان ساندۇق ، يەشىكلەرنىڭ ئارىسىدىن يىرىتقۇچ ھايۋاننى ئىزدەشكە باشلىدى. ئەمما تاپالمىدى.

– سېرىك ئۆمىكى،- دېدى پولكوۋنىك،- ئۇلارنىڭ ئون يىلدىن بېرى بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كېلىشى.

مۇرسەلىس بۇ گەپنى ئىسپانچە ئارىلاشتۇرۇپ خوتۇنىغا تەسلىكتە دەپ بەردى. مۇرسەلىس ئۆزى بىلەن ئۆزى بىرئاز سۆزلەشكەندىن كېيىن ئەندىشىسىنى پولكوۋنىكقا ئېيىتتى:

ـ مۈشۈكنى يۇشۇرۇپ قويۇڭ،پولكوۋنىك. بولمىسا ياش بالىلار ئۇنى سېرىك ئۆمىكىدىكىلەرگە ئوغىرلىقچە سېتىۋېتىدۇ.

پولكوۋنىك پوچتىكەشنىڭ قېشىغا بارماقچى بولۇپ تۇراتتى.

ـ بۇ ئۆمەكنىڭ يېرىتقۇچ ھايۋانلىرى يوقكەن،- دېدى ئۇ.

-يەنىلا ئوخشاش،- دېدى مۇرسەلىس ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ،- پولات سىم ئۈستىدە ماڭىدىغانلار بىر يەرلىرىنى سۇندۇرۋالماسلىق ئۈچۈن مۈشۈك گۆشى يەيدۇ.

پولكوۋنىك بۈگۈن مەشىق باشلىنىدىغانلىقىنى پولكوۋنىك شۇ چاغدىلا ئەسكە ئالدى.

پولكوۋنىك پوچتىخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ بىردەمدىلا توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىدىكى قالايمىقانچىلىق ئارىسىغا قوشۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ خورىزى توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىرناقلىرى لاتا بىلەن ئورالغان، پۇتلىرى دىرىلدەپ تىترىگەن بىچارە بىر ھالەتتە تۇراتتى، تۇرقىدىن ئازراق قورقىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ رەقىبى بىر ئورنىدا جىم تۇرمايدىغان شاش، كۆرەڭ خوراز ئىدى.

پولكوۋنىكتا ھاياجانلىنىش دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. داقا- دۇمباق سادالىرى ئىچىدە ئىككى خوراز نۆۋەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى. قىقاس- چۇقان سادالىرىغا قوشۇلۇپ ئىككى خورازنىڭ پەيلىرى، تىرناقلىرى ۋە بوينى بىر – بىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى. پولكوۋنىكنىڭ خورىزى رەقىبىنى بىر تېپىپ ياغاچ رىشاتكىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىۋەتتى. ھېلىقى خوراز بىر دومىلاپ قوپۇپ قايتىدىن ھوجۇمغا ئۆتتى.

پولكوۋنىكنىڭ خورىزى ئەمدى تاقابىل تۇرالايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. رەقىبى ھەر قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، ئۇ كەينىگە بىر قېتىم داجىپ بىردەمدىلا ئەسلىدىكى ئورنىغا كېلىپ قالدى. پۇتىمۇ تىترىمەس بولۇپ قالدى.

ھېرمان كۆرۈش سۇپىسىدىكىلەرنى كۆرسۇن دېگەندە قىلىپ خورازنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە رىشاتكىدىن سەكرەپ ئۆتتى. مەيداندا بىر ھازاغىچە چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرى كۆتۈرۈلدى. پولكوۋنىكقا تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى مۇسابىقىنىڭ كەسكىنلىكى بىلەن ماس كەلمىگەندەك، بۇ تازىمۇ ئادام ئالدايدىغان ئويۇن بولغاندەك تۇيۇلدى. ئىككى خورازمۇ بازاردىكىلەرگە ئويۇن ككرسىتىش ئۈچۈن ئۆزى خالاپ بىر مۇنچە رىيازەت چەككەنىدى.

پولكوۋنىك قىزىقىش ئىچىدە يۇمىلاق كۆرۈش سۇپىسىغا قاراپ قويدى. بىر توپ تاماشىبىن روھلۇق كەيپىياتتا پەلەمپەيدىن ئۆتۈپ، مۇسابىقە مەيدانىغا قاراپ ئاقتى. پولكوۋنىك پۈتۈن بازاردىكى يىگىتلەرنىڭ چىرايىدىن بىر خىل قىزغىنلىق، تىت- تىتلىق ۋە باشقىچە ھاياجان چىقىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. كاللىسىدا بۇرۇن يوقاپ كەتكەن بىر مەنزىرە قايتا پەيدا بولغان پولكوۋنىك رېشاتكىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ، مۇسابىقە مەيدانىدا مىغىلدىشىپ تۇرغان كىشىلەر ئارىسىدىن سىغدىلىپ ئۆتتى ۋە كۆزلىرىدىن خاتىرجەملىك چىقىپ تۇرغان ھېرماننىڭ قېشىغا كەلدى. ئىككىيلەن لام- جىم دېمەي بىر- بىرىگە قارىغىنىچە تۇرۇپ قېلىشتى.

-چۈشتىن كېيىنلىكىڭىز خەيىرلىك بولسۇن، پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك ھېرماننىڭ قولىدىن خورىزىنى يۇلۇپ ئېلىۋېلىپ تۆۋەن ئاۋازدا :

-چۈشلۈك كىيىنلىكىڭىز خەيىرلىك بولسۇن!- ۋە قىزىق بەدىنى دىرىلدەپ تىترەپ كېتىۋاتقان خورازغا قارىۋېتىپ ئىختىيارسىز لاغىلداپ كەتتى، ئاغزىغىمۇ گەپ كەلمىدى. پولكوۋنىك مۇشۇ كەمگىچە بۇنداق ئاچچىقى يامان نەرسىنى قولىغا ئېلىپ باقمىغىنىنى ھېس قىلدى.

– بارساق ئۆيدە يوق ئىكەنسىز،- دېدى ھېرمان تەشۋىشلىنىپ.

تۇيۇقسىز ئەتراپتا تەنتەنە سادالىرى كۆتۈرۈلۈپ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى. ئەسلىدىلا قورقۇپراق تۇرغان پولكوۋنىك چاۋاك ۋە قىقاس سۈرەننى ئاڭلاپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. خورىزىنى قولتۇقىغا قىسىپ ھېچكىمگە قارىماي كىشىلەر ئارىسىدىن ئۆتتى ۋە كوچىغا چىقتى.

بازاردىكى ھەممە ئادەم ( تكۋەن قاتلامدىكىلەر) ئۆيلىرىدىن چىقىپ، بىر توپ مەكتەپ بالىسى ئارقىسىغا كىرىۋالغان پولكوۋنىكقا قاراشقا باشلىدى. مەيداننىڭ بىر بۇرجىكىدە بوينىغا بىر تال يىلان يۆگىۋالغان گەۋدىلىك بىر نېگىر شىرەنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ دورا سېتىۋاتاتتى. پورت تەرەپتىن كەلگەن بىر توپ ئادەم ئۇنىڭ دورا ھەققىدىكى ۋەز- نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىماقتا ئىدى. پولكوۋنىك خورىزىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ ئۆتۈشى بىلەن كىشىلەرنى نەزىرى بىراقلا ئۇنىڭغا يۆتكەلدى. ئۇنىڭغا ئۆيىگە بارىدىغان يول ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك ئۇزۇن بىلىنمىگەنىدى.

پولكوۋنىك قىلچە ئۆكۈنمىدى. ئون يىللىق تارىخىي ۋەقەلەر داۋامىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرغان بۇ بازار كىشىگە ئۇزۇندىن بېرى قاتتىق ئۇيقۇدا يېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. بۈگۈن( پولكوۋنىكقا يەنە خەت كەلمىگەن جۈمە كۈنى) چۈشتىن كېيىن كىشىلەر ئويغاندى. پولكوۋنىكمۇ ئىلگىرىكى بىر ۋاقتىنى ئەسلەپ قالدى. شۇ كۈنى ئۇ كۈنلۈكنى كۆتۈرۈپ خوتۇن – بالىسى بىلەن بىللە كونسېرت كۆرگەنىدى. كونسېرت يامغۇرغا قارىماي قويىلىۋەرگەنىدى.

پولكوۋنىك پارتىيسىنىڭ رەھبىرىنى، چاچلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان بۇ ئادەمنىڭ ئۆز ھويلىسىدا مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئۆزىنى يەلپۈپ ئولتۇرغان ھالىتىنى ئەسلەپ قالدى. داقا- دۇمباق سادالىرى پولكوۋنىكنىڭ قورسىقىنى ئاغرىتىۋەتكىلى تاس قالدى.

پولكوۋنىك دەرياغا يانداش كەتكەن كوچىدىن ئۆتۈۋېتىپ، بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلامغا ئوخشاشلا مىغىلدىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار سېرك ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ قىرغاققا چىقىشىغا قاراپ تۇراتتى. بى رئايال دۇكىنىدا تۇرۇپ نىمىلەرنىدۇر دەپ ۋارقىرىدى. پولكوۋنىك ئۇنىڭ خورازغا مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى قىلغانلىقىنى ئاڭقىرالىدى. پولكوۋنىك پەرىشانلىق ئىلكىدە ئۆيىگە قايتىپ كېلىپمۇ ھەرخىل چۇرقىراشلارنى ئاڭلاشتىن خالىي بولالمىدى.

ئىشىك ئالدىدا پولكوۋنىكنىڭ بالىلارغا:

-ئۆيۈڭگە كېتىش! قايسىڭ كىرسەڭ كەمەر بىلەن ساۋايمەن!،- دەپ ۋارقىرىدى ۋە دەرۋازىنى ئېتىپ ئاشخانا ئۆيگە قاراپ ماڭدى. خوتۇنى ھاسىراپ- ھۆمۈدىگىنىچە ھۇجرىدىن چىقتى.

-ئۇلار خورازنى ئېلىپ كەتتى،- دېدى ئايال ئۈنلۈك ئاۋازدا،- مەن ئۇلارغا ھاياتلا بولسام خورازنى ئۆيدىن ئېلىپ كېتىشىڭلغرغا يول قويمايمەن دېدىم.

پولكوۋنىك خورازنى مەشنىڭ پۇتىغا باغلاپ قويغاندىن كېيىن ئىدىشتىكى سۇنى ئالماشتۇردى. خوتۇنىنىڭ ئەقلىدىن ئازغان ئادەمنىڭكىدەك ئاۋازى ئۇنىڭ كەينىدە خېلىغىچە ئاڭلىنىپ تۇردى.

-ئۇلار خورازنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا دەسسەپ بولسىمۇ ئېلىپ كېتىمىز، دېدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، خوراز بىزنىڭ ئەمەس، پۈتۈن بازاردىكىلەرنىڭمىش،- دېدى ئايال.

پولكوۋنىك باشقىلار خورازنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن خوتۇنىنىڭ چىرايى جەسسەتنىڭكىدەك تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. خوتۇنىنىڭ ئۆزىنى خىجىلچىلىقتا قالدۇرماسلىق ئۈچۈنلا شۇ گەپنى دېگەنلىكىنى سەزدى.ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ھەيران بولۇپ كەتمىدى.

-ئۇلار توغرا قىپتۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- جىممىدە ۋە بىر ئازدىن كېيىن يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ  قويۇپ چۈشىنىكسىز بىر ئاھاڭدا قوشۇپ قويدى،- توخۇنى ساتمايلى.

خوتۇنى پولكوۋنىكنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجرىغا كىردى. ئۇنىڭ نەزىرىدە پولكوۋنىك ھەقىقىي بىر ئادەم ئىدى؛ ئەمما تۇتقىلى، چۈشەنگىلى بولمايدىغان، كىنودىكى ئارتىسلارغىلا ئوخشايدىغان سېرىق ئەر ئىدى. پولكوۋنىك كېيىم ئىشكابىدىن بىر تۇتام قەغەز پۇلنى ئېلىپ يانچۇقىدىكى پۇل بىلەن قوشۇپ سانىدى، ئاندىن يەنە ئىشكاپقا سېلىپ قويدى.

-بۇ يەردە 29 پىسو بار، سارۋاسنىڭ پۇلىنى بېرىۋېتەيلى،- دېدى پولكوۋنىك،- قالغان پۇلنى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ياردەم پۇلى كەلگەندىن كېيىن قايتۇرامىز.

-ئەگەر كەلمىسىچۇ؟- سورىدى خوتۇنى.

-كېلىدۇ.بىراق، كەلمەي قالسىچۇ.

-ئۇ چاغدا قايتۇرمايمىز-دە.

پولكوۋنىك كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن يېڭى ئايىغىنى ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن يەنە كىيىم ئىشكابىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى ۋە ئىشكاپتىن بىر قاتتىق قەغەز كورۇپكىنى ئالدى. ئاندىن ئاياغنىڭ چەمىنى لاتىغا پاكىز ئېرتىپ يەنە كورۇپكىغا سېلىپ قويدى. خوتۇنى بىر چەتتە مىدىر – سىدىر قىلماي ئېرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇراتتى.

-ئاياغنى قايتۇرىۋېتىڭ،- دېدى پولكوۋنىك،- شۇنداق قىلساق سارۋاسقا ئون ئۈچ پىسونى جىقراق بېرەلەيمىز.

-لېكىن خەق قايتۇرغان مالنى ئالمايدۇ- دە،- دېدى خوتۇنى.

-نېمىشقا ئالمىغۇدەك،- دېدى پولكوۋنىك رەددىيە بېرىپ،- مەن ئاياغنى ئاران ئىككى قېتىملا كىيگەن تۇرسام.

-تۈركلەر بۇنداق ئىشلاردا غەرەز ئۇقماي تۇرىۋالىدۇ،- دېدى خوتۇنى.

-چوقۇم ئۇقۇشى كېرەك.

-غەرەز ئۇقمىسىچۇ!

-سۆزلەپ قايىل قىلىشىڭىز كېرەك.

ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن تاماق يېمەيلا ئۇخلاشقا تەرەددۇتلاندى. خوتۇنى تىلاۋەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن پولكوۋنىك چىراغنى ئۆچۈردى، ئەمما ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمىدى. ئۇ قوڭغۇراق ساداسىنى ئاڭلىدى. ھايال ئۆتمەي ( ئۈچ سائەتتىن كېيىن) كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش پۇشتىكى چېلىندى. تاڭ سەھەرگە يېقىن مۇزدەك ھاۋادا پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنىنىڭ نەپەس ئېلىشى تېخىمۇ قىيىنلاشتى. ئايال سىلىق ئاھاڭدا گەپ قىلغاندا، پولكوۋنىك تېخى ئۇخلىمىغانىدى.

-ئويغاندىڭىزما؟

-ھەئە.

-داۋلى سۆزلىشىڭىز كېرەك،- دېدى خوتۇنى،- ئەتە بېرىپ سارۋاس بىلەن پاراڭلىشىڭ.

-ئۇ دۈشەنبە كۈنى قايتىپ كېلىدۇ.

-ئۇنىڭدا تېخىمۇ ياخشى،-دېدى خوتۇنى،- ئاڭغىچە نېمە دېيىش كېرەكلىكى توغرىلىق كەڭ- كۇشادە ئويلىنالايسىز ئەمەسمۇ؟

-ئويلانغۇدەك ھېچ ئىش يوق،- دېدى پولكوۋنىك.

ئۆكتەبىردىكى قۇرغاق ھاۋانىڭ ئورنىنى نەمخۇش ھاۋا ئىگىلىگەنىدى. پولكوۋنىك پلوۋېرنىڭ①(دېڭىز ساھىلىدا توپلىشىپ ياشايدىغان بىر خىل قۇش) تۇرمۇش قانۇنىيتىگە ئاساسەن دېكابىرنىڭ كىرىپ قالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. سائەت ئىككىگە داڭ ئۇرۇلغاندا پولكوۋنىك تېخى ئۇخلىمىغانىدى. ئەمما ئۇ خوتۇنىنىڭمۇ ئويغاق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ كارىۋاتتا بىر ئۆرۈلۈپ ياتتى.

-ئۇخلىيالمايۋاتامسىز؟- سورىدى خوتۇنى.

-ھەئە.

خوتۇنى بىردەم ئويلىنىپ قالدى.

-بۇنداق قىلمايلى،- دېدى خوتۇنى،- ئويلاپ باقمامسىز؟ 400 پىسونى بىر يەرگە قويسىڭىزمۇ بىر مۇنچە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟

-بەرىبىر ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر پۇلىمۇ ئۇزۇنغا قالماي كېلىدۇ،- دېدى پولكوۋنىك.

-بۇ گەپنى دەۋاتقىنىڭىزغا ئون بەش يىل بولدى.

-شۇڭا،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەمدى جىق كېچىكمەيدۇ.

خوتۇنى چۇڭقۇر ئويغا چۆمدى. ئۇ گەپنى قايتا باشلىغاندا، پولكوۋنىكقا ۋاقىت بىر ئىزىدا توختاپ قالغاندەكلا بىلىندى.

-بۇ پۇلنىڭ مەڭگۈ كەلمايدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تويۇپ تۇرىدۇ،- دېدى خوتۇنى.

-چوقۇم كېلىدۇ.

-ئەگەر كەلمىسىچۇ؟

پولكوۋنىك قاۋاب قايتۇرغىدەك گەپ تاپالمىدى .خوراز تۇنجى قېتىم چىللىغاندا، پولكوۋنىڭ يەنە رېئاللىقا قايتىپ كەلدى ۋە ھايال ئۆتمەي تولىمۇ چۈش قوينىغا غەرق بولدى. ئويغانغاندا قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەنىدى. ئەمما خوتۇنى تېخىچە سۈت ئۇيقۇدا ئىدى. پولكوۋنىك بۈگۈن كۈندىكىدىن ئىككى سائەت ۋاقچە تۇرغان بولسىمۇ، ئادىتى بويىچە كۈندە ئەتىگەندە قىلىدىغان ئىشلارنى رەت- رېتى بىلەن قىلغاچ، خوتۇنىنىڭ ئويغىنىپ ناشتىغا ئولتۇرىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى.

خوتۇنى ئۈندىمەي ئورنىدىن تۇردى. ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن تىنىچلىق سوراشقاندىن كېيىن جىممىدە ناشتىغا ئولتۇردى. پولكوۋنىك بىر پارچە پىشلاق، بر تاتلىق بولكا يېدى، بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچتى. چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىنى ماشىنچىخانىدا ئۆتكۈزۈپ، سائەت بىر بولغاندىلا ئۆيگە قايتىپ كەلدى. خوتۇنى ياماق ياماپ ئولتۇراتتى.

-چۈشلۈك تاماق يەيدىغان ۋاقىت بولدى،- دېدى پولكوۋنىك.

-تاماق يوق،- دېدى خوتۇنى.

پولكوۋنىك مۈرىسىنى چىقىرىپ قويدى ۋە بالىلارنى ئاشخانىغا كىرىۋالمىسۇن دېگەن ئويدا رىشاتكىدىكى ئاراچلارنى ئېتىشكە باشلىدى. ئۇ كارىدۇرغا قايتىپ كىرگەندە شىرەگە چۈشلۈك تاماق تىزىلىپ بولغانىدى.

تاماق ۋاقتىدا پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ يىغىدىن ئۆزىنى زورمۇ- زور تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى سەزدى ۋە كۆڭلى بىر قىسمىلا بولۇپ كەتتى. ئۇ خوتۇنىنىڭ مىجەزىنى بىلەتتى. قىرىق يىلنى رىيازەت ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بۇ ئايال ئەمدىلىكتە تېخىمۇ قەيسەر بولۇپ كەتكەنىدى. ئوغلىنىڭ ئلۆلۈمىدىمۇ ياش تۆكمەسلىكى بۇ نوقتىنى تولۇق ئىسپاتلايتتى.

پولكوۋنىك ئەيىبلەش نەزىرى بىلەن خوتۇنىغا قارىدى. ئايال لىۋىنى چىڭ چىشلەپ كۆزىنى يېڭىدە سۈرتىۋەتكەندىن كىيىن يەنە تاماق يېيىشكە تىرىشتى.

-باشقىلارنى پەقەت ھۆرمەت قىلمايدىكەندسىز،- دېدى خوتۇنى.

پولكوۋنىك ئۈنچىقمىدى.

-سىز شۇنداق ئۆز بېشىمچى، تەرسا، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلمايدىغان ئادەمكەنسىز،- خوتۇنى گېپىنى يەنە تەكرارلىدى. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمەيلا پەتنۇسقا قاچا- قومۇشنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا سالدى، ئارقىدىنلا يەنە ئۇلارنى رەتلىك قىلىپ تىزدى.

-بىر ئۆمۈر جاپا چېكىپتىمەن. ئاخىر بېرىپ ئالدىڭىزدا ئاشۇ خورازچىلىك قەدر- قىممىتىم قالمىدى.

-بۇ ئىككىسى ئىككى ئىش،- دېدى پولكوۋنىك.

-بىر ئىش،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىكقا رەددىيە بېرىپ،- بىلىشىڭىز كېرەك. مەن ئۆلەي دەپ قالدىم. مېنى كېسەل دەپ چۈشەنمەڭ. سەكرات ئىچىدە جان تالىشىۋاتىمەن.

پولكوۋنىك ئۈندىمەي ئولتۇرۇپ، تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىنلا گەپ باشلىدى:

-ئەگەر دوختۇر ماڭا خورازنى سېتىۋەتسەملا زىققا كېسىلىڭىزنى ساقايتقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەرگەن بولسا، مەن ئۇنى ھازىرلا سېتىۋېتەتتىم. لېكىن، سىزنى ساقايتىش ئۇنىڭ قولىدىن كەلمىسە، خورازنى ساتمىغىنىمىز تۈزۈك.

چۈشتىن كېيىن پولكوۋنىك خورىزىنى توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىغا ئېلىپ باردى. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە خوتۇنىنىڭ كېسىلى قوزغىلىپ قالغانىدى. چاچلىرى يەلكىسىگىچە چۇۋۇلۇپ چۈشكەن ئايال كارىدوردا ئويان- بويان ماڭاتتى، ئۆپكىسىدىن گىژ- گىژ ئاۋاز چىقىپ تۇرسىمۇ، قۇچىقىنى كەڭ يېيىپ ساپ ھاۋادىن ئەركىن نەپەس ئېلىشقا تىرىشاتتى. ئايال كارىدوردا گۇگۇم چۈشكىچە تۇرغاندىن كېيىن ئېرىگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئۇخلاشقا ماڭدى.

ئايالنىڭ تۆۋەن ئاۋازدا قىلغان تىلاۋىتى كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى چېلىنىپ خېلىدىن كېيىن تۈگىدى. پولكوۋنى چىراقنى ئۆچۈرۈشكە تەمشىلىۋىدى، خوتۇنى دەرھال قارشى چىقتى:

-مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىشنى خالىمايمەن.

پولكوۋنىك جىن چىراغنى يەردە قويدى. پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ھارغىنلىق بېسىپ كەتكەندەك بولدى، كۆڭلىدە ھەممە ئىشلارنى بىراقلا ئۇنتۇپ كەتسەم، قىرىق تۆت كۈن ئۇخلاپ، 24-دېكابىر ، يەنى توخۇ سوقۇشتۇرۇلىدىغان ۋاقىتتىلا ئويغانسام-ھە، دېگەنلەرنى ئويلىدى. ئەمما خوتۇنى ئۇخلىيالمايۋاتاتتى. ئەھۋال بۇنداق تۇرسا كۆڭلى قانداقمۇ خاتىرجەم بولسۇن.

-دۇنيانىڭ ئىشلىرى ھامان مۇشۇنداق بولىدىكەن،-دېدى بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى،- بىز ئاچلىقتىن ئۆلەر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق. ئەمما باشقىلارنىڭ يەيدىغان تامىقى بار. قىرىق يىلدىن بېرى ئىزچىل مۇشۇنداق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

پولكوۋنىك خېلىغىچە گەپ- سۆز قىلماي يېتىپ، خوتۇنى:« ئويغاقمۇ سىز؟» دەپ سورىغاندىلا « ئويغاق» دەپ جاۋاب بەردى. خوتۇنى تەنبىھ ئاھاڭىدا تېز- تېز سۆزلەشكە باشلىدى:

-باشقىلار بۇ خورازدىن پايدىلىنىپ پۇل تاپالايدۇ. ئەمما بىز تاپالمايمىز. بازاردا بىزگە ئوخشاش دوغا تىككىلى بىر پۇڭمۇ پۇلى يوق ئادەم بولمىسا كېرەك.

-توخۇنىڭ ئىگىسى 20پىرسەنت پايدا ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

-توغرا، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار سىزنى سايلامدا پىداكارلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلغاندا سىزمۇ ئۇلاردىن خىزمەت تەلەپ قىلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق ئىدىڭىز،- دېدى خوتۇنى،- ئىچكى ئۇرۇشتا جىق خىزمەت كۆرسەتكەندىن كېيىن ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر پۇلى ئېلىشقا تامامەن ھەقلىق ئىدىڭىز. ھازىر بازاردىكى جىمى ئادەمنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە. سىزلا ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان غېرىب بىچارە ئادەم بولۇپ قالدىڭىز.

-مەن غېرىب ئەمەس،- دېدى پولكوۋنىك.

ئۇ يەنە ئازراق چۈشەندۈرۈش بەرمەكچى بولدى، ئەمما ھايال ئۆتمەيلا ئۇخلاپ قالدى. خوتۇنى ئۆزى بىلەن ئۆزى بىرمۇنچە غۇدىرىغاندىن كېيىنلا ئېرىنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى سېزىپ سۆزىدىن توختىدى ۋە پاشىلىقتىن چىقىپ قاراڭغۇ ئۆيدە ئۇيان- بويان ماڭغاچ داۋاملىق سۆزلەشكە باشلىدى. تاڭ يۇرۇشى بىلەن پولكوۋنىك ئۇنى چاقىردى.

ئايال ئىشىكتە ئەرۋاھتەكلا پەيدا بولدى. ئۆچەي دەپ قالغان چىراغ ئايالنىڭ چىرايىنى سۇس يۇرىتىپ تۇراتتى. ئۇ پاشىلىققا كىرىشتىن ئىلگىرى چىراقنى ئۆچۈردى، ئەمما ئاغزى سۆزدىن بېسىلمىدى.

-خورازنى سېتىشتىن باشقا ئىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ،- دېدى خوتۇنى.

-سائەتنى ساتساقمۇ بولىدىغۇ.

-ئەتە بىر ئامال قىلىپ ئارۋالودىن قىرىق پىسو ئالارمەن.

-ئۇ سىزگە پۇل بېرەمتى.

-ئەمسە رەسىمنى ساتارمىز.

خوتۇنى يەنە پاشىلىقنىڭ سىرتىغا چىقىۋېلىپ گەپ قىلىشقا باشلىدى. ئۇ نەپەس ئېلىۋاتقاندا پولكوۋنىك ئۆتكۈر دورا ھىدىنىڭ ئەتراپقا قاراۋاتقانلىقىنى سەزدى.

-ئۇ رەسىمنى خەق ئالمايدۇ،- دېدى ئايال.

-قاراپ تۇرۇڭ-ھە،- پولكوۋنىك مۇلايىم ئاۋازدا شۇنداق دېدى، ئەمما تەلەپپۇزىدا ئازراقمۇ ھاياجانلىنىش ھېسىياتى يق ئىدى،- ھازىرچە ئۇخلاڭ. ئەگەر ئەتە ھېچنىمىنى ساتالمىساق باشقىچە بىر ئامال قوللىنارمىز.

قاتتىق مۈگدەك باسقان پولكوۋنىك ھەرقانچە قىلىپمۇ كۆزىنى ئاچالمىدى. ئۇ زامان- ماكانلىق خۇسۇسىيتى ئېنىق بولمىغان بىر دۇنيانىڭ ئەڭ چۇڭقۇر تەكتىگە، خوتۇنىنىڭ گەپلىرى چۇڭقۇر مەنىگە ئىگە بولغان باشقىچە بىر زىمىنغا غەرق بولدى. ئەمما ھايال ئۆتمەي بىرسىنىڭ مۆرىسىدىن تۈرتىۋاتقانلىقىنى سەزدى.

-گېپىمگە جاۋاب بېرىڭ!

پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ ئاشۇ گېپىنى چۈش كۆرۈشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئاڭلىغانلىقىنى بىلەلمەيتتى. شەرق ئاسمىنى ئاقىرشى بىلەن يەكشەنبە كۈنىدىكى سەھەرنىڭ يارقىن نۇرلىرى دېرىزىدىن تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئۆزىنى قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىۋاتقاندەك سەزگەن، كۆزلىرى لازا قۇيغاندەك ئېچىشىپ كېتىۋاتقان پولكوۋنىك تولىمۇ تەستە ئۇيقۇسىنى ئاچتى.

-ھېچنىمىنى ساتالمىساق قانداق قىلىمىز؟- خوتۇنى يەنە سورىدى.

-ھېچنىمە ساتالمىغان كۈنى يانىۋارغا يىگىرمە بولىدۇ،- دېدى پولكوۋنىك ئۇيقىدىن پۈتۈنلەي يېشىلىپ،- شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇلار پايدىنىڭ يىگىرمە پىرسەنتىنى بىزگە بېرىدۇ.

-خورىزىمىز يەڭسىغۇ بېرەر،- دېدى خوتۇنى،- بىراق يېڭىلىپ قالسىچۇ؟ خورازنىڭ يېڭىلىپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئويلىمىدىڭىزمۇ؟

-بۇ خوراز ھەرگىز يېڭىلمەيدۇ.

-ئەگەر يېڭىلىپ قالسىچۇ؟

-بۇ ئىش توغرىلىق قىرىق بەش كۈندىن كىيىن باش قاتۇرساقمۇ ئۈلگۈرىمىز،- دېدى پولكوۋنىك.

خوتۇنىنىڭ ئاچچىقى كەلدى.

-لېكىن، شۇڭغىچە بىز نېمە يەيمىز؟- سورىدى خوتۇنى پولكوۋنىكنىڭ فرانسوزچە كۆڭلىكىنىڭ ياقىسىنى كۈچەپ تارتىۋېتىپ،- ئېيتىڭە زادى نېمە يەيمىز؟

پولكوۋنىك يەتمىش بەش يىلدىن كېيىن- بىر مىنۇت ، بىر مىنۇتتىن ياشاپ يەتمىش بەش يىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سەكراتقا چۈشۈپ قالدى ۋە ئۆزىنى پاك، تۈز، يېڭىلمەس ئادەم سېزىپ:

-پوق يەيمىز!- دەپ جاۋاب بەردى.

(خەنزۇچە« گارسىيە ماركوس پوۋېست، ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن)

دۇنيا ئەدەبىياتى 1998- يىل 5- سان

]]>
?feed=rss2&p=12002 1
گارسىيا ماركوس: بىغۇبار قىز ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى ?p=10216 ?p=10216#comments Thu, 20 Feb 2014 06:42:12 +0000 ?p=10216 بىغۇبار قىز ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى

– كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئېچىنىشلىق ھېكايە

گارسىيە ماركوز [كولومبىيە]

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

ھاياتىدىكى جىمى خۇشلۇقلىرىنى ئۇچۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ ئاپەتلىك بوران چىققاندا، ئېلوندىرا مومىسىنى يۇيۇندۇرۇۋاتاتتى. تەلۋە بوراننىڭ بىرىنچى قېتىملىق زەربىسىدە ھاكلىرى چۈشۈشكە باشلىغان، غېرىبانىلىق ئىچىدە كۆزگە تاشلىنىدىغان بۇ سۆرۈن بىنا تىتىرەپ كەتتى. لېكىن، تەبىئەتنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىگە كۆنۈكۈپ كەتكەن موماي بىلەن قىز قانچە بال بوراننىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى سەزمىگەندەك قىلاتتى. مۇنچىنىڭ ئىچى رىم مۇنچىلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان توز ۋە قورچاق دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن بېزەلگەنىدى.

مەرمەر تاشلىق مۇنچىدا ئولتۇرغان موماينىڭ لاخسىدەك يوغان، يالىڭاچ بەدىنى چىرايلىق لەڭنى ئەسلىتەتتى. ئۇنىڭ ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن زىلۋا بويلۇق نەۋرە قىزىنىڭ تۇرۇقىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى. يۈرۈش- تۇرۇشى يېشىغا نامۇناسىپ ھالدا نازاكەتلىك ئىدى. قىز قان ساپلاشتۇرىدىغان يۇپۇرماق ۋە خۇشپۇراق گۈل سۈيى بىلەن مومىسىنى يۇيۇۋاتاتتى، ئۇنىڭ تولۇق كەلگەن مۈرىلىرىگە، چۇۋۇلغان چاچلىرىغا يۇپۇرماقلار يېپىشىۋالغانىدى.

– تۈنۈگۈن ئاخشام بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بىر پارچە خەتنى كۈتكۈدەكمەن،- دېدى مومىسى.

ئېلوندىرا ئالدىراپقىنا سورىدى:

– چۈشىڭىزدە قايسى كۈنى خەت كەلگۈدەك؟

– پەيشەنبە كۈنى.

– ئۇنداق بولسا ئۇ خەتتە چوقۇم بىر شۇم خەۋەر بار،- دېدى ئېلوندىرا،- لېكىن، بۇ خەتنى سىز مەڭگۈ تاپشۇرۇۋالالمايسىز.

ئېلوندىرا مومىسىنى يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قولتۇقىدىن يۆلىگىنىچە ھۇجرا ئۆيىگە ئېلىپ كىردى. موماي شۇنچىلىك سەت سەمرىگەنىدىكى، شۇ تۇرۇقىدا بەئەينى ھاسىغا تايانمىسا ماڭالمايدىغان ئېپىسكوپقا ئوخشاپ قالغانىدى، نەۋرىسىنىڭ يۆلىشى بىلەن دەلدۈگۈنۈپ ئاران- ئاران ماڭاتتى. ئېلوندىرا چىرايلىق بېزەلگەن ھۇجرىدا مومىسىنى ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ياساندۇردى: چاچلىرىنى ئارقىسىغا قايرىپ چىرايلىق بانتىلىدى؛ كىيىمىگە ئەتىر چاچتى؛ يۈزىگە ئۇپا، لەۋلىرىگە ئەرنلىك سۈركىدى؛ ئۇچىسىغا گۈللۈك چاپان كىيگۈزدى، قاپىقىغا ئىپار سۈرتتى، تىرناقلىرىنى بويىدى. بۇ ھال خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتى. بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن ئېلوندىرا مومىسىنى قىزىلگۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن گۈللۈككە ئېلىپ كىرىپ ئۇنى ئاتا- بوۋىسىدىن قالغان كونا ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى ۋە كىچىك ئۈنئالغۇسىدا مۇزىكا قويۇپ بەردى.

مومىسى بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەش بىلەن ئولتۇرغان چاغدا ئېلوندىرا ئۆينى پاكىز تازىلاپ چىقتى. قالايمىقانچىلىق بېسىپ كەتكەن بۇ قاراڭغۇ ئۆي ئىمپراتور ئىسكەندەر زۇلقەرنەين، ياش تۆكۈۋاتقان ئۆمۈچۈك ۋە پەرىشتىلەرنىڭ گەجدىن ياسالغان ھەيكىلى بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. ئۆيدە يەنە ئالتۇن يالىتىلغان پىئانىنو ۋە ھەرخىل سائەتلەرمۇ بار ئىدى. ھويلىدا بىر كۆلچەك بار بولۇپ، ئۇنىڭدىكى سۇنى نۇرغۇن يىللاردىن بېرى ئىندىئانلار يىراق جايلاردىن يۈدۈپ كېلىۋاتاتتى. كۆلچەكنىڭ نېرىقى تەرىپىدە ئوسال ھاۋادىن قېپقالغان بىردىنبىر جانلىقنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە بىر ئاۋارە تۆگىقۇش تۈگۈلۈپ ياتاتتى. تاشقىي دۇنيادىكى جىمى نەرسىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان بۇ خىلۋەت رايوندىكى بىر قانچە كونا كوچىدىنلا تەركىب تاپقان بۇ كەنت ئوتتەك قىزىق ھاۋادا كۆيۈۋاتاتتى. ھەر قېتىم قاتتىق بوران چىققاندا، بۇ يەردە ئارقارلار تۈركۈم- تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كېتەتتى.

بۇ ئاجايىپ قورونى ئېلوندىرانىڭ ئەتكەسچىلىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئامادىس ئىسىملىك بوۋىسى سالدۇرغانىدى. ئېلوندىرانىڭ بوۋىسى بىلەن مومىسى ئوتتۇرىسىدا بىر بالىلا قالغانىدى. بۇ دەل ئېلوندىرانىڭ دادىسى ئامادىس ئىدى. جەمەتتىكىلەرنىڭ كەنتكە قاچان كېلىپ قالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ قەيەرلىكى توغرۇلۇق ھېچكىم بىلمەيىتتى. ئىندىئانلار ئارىسىدا: «ئامادىس ياش ۋاقتىدا ئاندېرىس تاقىم ئاراللىرىدىكى بىر پاھىشىخانىدىن بىر چىرايلىق پاھىشىنى سېتىۋېلىپ خوتۇنلۇققا ئالغانمىش ۋە كېيىن ئاندېرىس تاقىم ئاراللىرىدا بىر ئەرنى ئۆلتۈرۈپ، قانۇن تورىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خوتۇنى بىلەن بۇ خىلۋەت ، نامرات كەنتكە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانمىش» دېگەندەك گەپلەر ئېقىپ يۈرەتتى. چوڭ ئامادىس ئىسسىق ئۆتۈپ ئۆلگەن، كىچىك ئامادىس بىر ئۇرۇشتا قازا قىلغانىدى. ئېلوندىرانىڭ مومىسى ئېرى ۋە ئوغلىنىڭ جەسىتىنى ھويلىغا كۆمدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا چاكارلىققا ئىشلىتىۋاتقان 14 يالىڭاياغ قىزنى قايتۇرۇۋەتتى. يالغۇز نەۋرىسى موماينىڭ جىق قۇربانلارنى بېرىشى، مىڭ بىر جاپادا قاتارغا قېتىشى بىلەن ئەمدىلىكتە بۇ سىرلىق قورودا بۈگۈنكىدەك ياخشى تۇرمۇشقا ئۇلاشتى.

ئېلوندىرانىڭ تام سائىتىگە ماياتنىك سېلىشى ۋە ۋاقىتنى توغرىلىشى ئۈچۈنلا ئالاھەزەل ئالتە سائەتكىچە ۋاقىت كەتتى. ئېلوندىرا بەختسىزلىككە يولۇققان كۈنى سائەتنى توغرىلىمغانىدى. چۈنكى تام سائىتىنىڭ ئەتىسى چۈشتى بۇرۇنقى ۋاقىتقا قەدەر توغرا ماڭالايدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى. سائەت 11 گىچە مومىسىنى يۇيۇندۇرۇش، كىيىمىنى كىيگۈزۈش، پولنى سۈرتۈش، چۈشلۈك تاماق ئېتىش، ئەينەك سۈرتۈش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئېلوندىرانىڭ پۇت- قولى يەرگە تەگمىدى. قىز تۆگىقۇشنىڭ ئالدىدىكى چىلەككە يېڭىدىن سۇ تولدۇرۇپ پاسكىنا سۇنى بوۋىسى بىلەن دادىسىنىڭ توپىسىدىكى كۆكاتلارنىڭ ئارىسىغا قۇيۇۋېتىپ تۇرۇشىغا كىشىنىڭ دېمىنى تۇتۇلدۇرىدىغان نەس باسقۇر بوران چىقىپ كەتتى. قىز بۇنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىۋاتقان بەخىتسىزلىكنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەيىتتى. چۈش سائەت 12 دە ئەڭ ئاخىرقى بىرنەچچە تال شامپان ھارىقى بوتولكىسىنى سۈرتۈۋاتقان قىز غەيرىي بىر پۇراقنىڭ بۇرۇنىغا ئۇرۇلۇشى دەرھال ئاشخانا ئۆيگە قاراپ يۈگۈردى. ھېلىمۇ ياخشى، قىز ھالقىلىق پەيىتتە ئەقلىنى جورۇپ ئەينەك ئاپىتىدىن ساقلىنىپ قالدى.

قازاندىكى شورپا ھەدەپ تېشىپ كېتىۋاتاتتى. لېكىن، ئېلوندىرا ئۇنىڭغا ھېچ يېتىشىپ بولالمايۋاتاتتى. قىز بايا تەييارلاپ قويغان كۆكتات يۇپۇرماقلىرىنى قازانغا تاشلىغاندىن كېيىن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىر پەسكە ئارام ئېلىۋالدى. ئاۋۋال كۆزىنى يۇمدى، ئاندىن ھايال ئۆتمەي ئىلاجىسىزلىق ئىچىدە كۆزىنى يەنە ئاچتى- دە، قازاننىڭ  شورپىسىغا سۇ قاتتى. قىز دائىم ھازىرقىدەك مۈگىدىگەچ ئىش قىلاتتى.

12 ئادەم سىغىدىغان، ئۈستىگە كۈمۈش شامدان قويۇلغان تاماق شىرەسىنىڭ نېرىقى تەرىپىدە قىزنىڭ مومىسى يالغۇز ئولتۇراتتى. موماي قوڭغۇراقنى جىرىڭشىتىپ تۇرۇشىغا ئېلوندىرا شورپىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى. قاچىسىغا شورپا ئۇسسۇلىۋاتقاندا، موماي نەۋرىسىنىڭ ئۇيقۇلۇق چىرايىغا دىققەت قىلىپ ئۈلگۈردى. موماي ئەينەك ئېيىتماقچى بولغاندەك، قولىنى چىقىرىپ نەۋرىسىنىڭ كۆزى ئالدىدا پۇلاڭلاتتى. لېكىن، ئېلوندىرا مومىسىنىڭ قولىنى كۆرمىدى. موماي نەۋرىسىدىن تېخىچە كۆز ئۈزمەي تۇراتتى. ئېلوندىرا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئاشخانىغا كىرىپ تۇرۇشىغا موماي ۋارقىرىدى:

– ئېلوندىرا!

قىز قاتتىق چۆچۈپ ئېسىگە كەلدى، قولىدىكى شورپا ئۇسسۇلغان كورا گىلەمگە چۈشۈپ كەتتى.

– كېرەك يوق، بالام،- دېدى موماي مۇلايىملىق بىلەن،- بايا كېتىۋېتىپ ئۇخلاپ قاپسەن.

– كۆنۈپ قاپتىمەن،- دېدى ئېلوندىرا ئىپادىسىز يوسۇندا.

تېخىچىلا ئۇيقۇسىراپ تۇرغان قىز كورىنى قولىغا ئېلىپ گىلەمدىكى شورپىنىڭ دېغىنى سۈرتمەكچى بولۇپ تۇرۇشىغا، موماي:

– مۇنداق بولسۇن، ئۇنى چۈشتىن كېيىن يۇيۇۋەتكىن،- دېدى.

شۇنداق قىلىپ، چۈشتىن كېيىنلىكى كۈندىلىك مەشغۇلاتلاردىن باشقا، ئېلوندىرانىڭ گىلەمنى يۇيۇشىغا توغرا كەلدى. قىز كۆلچەككە بارغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۈشەنبە كۈنى كىيىدىغان كىيىملىرىنىمۇ يۇيۇۋالدى. ھۇشقىيتىپ چىقىۋاتقان بوران ئۆيگىمۇ شىپقاپ كىرىدىغاندەك قىلاتتى. قولىدا چېچىدىن تولا ئىش بولغاچقا، قىز قاراڭغۇ چۈشكىنىنىمۇ سەزمەي قالدى. ئۇ تاماقخانىدىكى گىلەمنى يىغقاندا، ئاللىبۇرۇن ئۇخلايدىغان ۋاقىت بولغانىدى.

موماي كەچ كىرگىچە پىئانىنونى تىرىڭشىتىپ ئولتۇردى، تېخى ئۆز- ئۆزىدىن مەستخۇش بولۇپ ياش ۋاقتىدا تولا ئېيتىلىدىغان ناخشىلارغا غىڭشىپمۇ قويدى، كۆزىگە ياشمۇ ئالدى. يۇمشاق پاختا رەخىتتىن تىكىلگەن ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىپ كارىۋىتىغا چىقىۋېتىپمۇ ئاش ئازابلىق ھەم شېرىن ئەسلىمىلىرى ئارىسىدىن چىقالمايۋاتقاندەك بىر يوسۇندا تۇرۇپ قالدى.

– ئەتە زالدىكى گىلەمنى يۇيۇۋەتكىن،- دېدى موماي ئېلوندىراغا،- ئۇ گىلەمنىڭ كۈن كۆرمىگىنىگە ئۇزۇن بولدى.

– بولىدۇ موما،- دېدى قىز جاۋابەن.

ئېلوندىرا پەي يەلپۈگۈچنى قولىغا ئېلىپ ئۆزىگە توختىماي بۇيرۇق سوقۇۋاتقان شەپقەتسىز مومىسىنى يەلپۈشكە باشلىدى، ھايال ئۆتمەي ئۆزىمۇ ئۇخلاپ قالدى.

– ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىيىملەرگە دەزمال سېلىۋەتكىن. شۇنداق قىلساڭ خاتىرجەم ئۇخلايسەن.

– بولىدۇ موما .

– كىيىم ئىشكابىنى تەكشۈرۈشنى ئۇنتۇما. بورانلىق كەچلەردە كۈيە دېگەندەك بىر نېمىلەر تازا ئېچىرقاپ كېتىدۇ.

– بولىدۇ موما.

– ۋاقىت چىقىرىپ گۈللەرنى ھويلىغا ئاچىقىۋەتكىن، ئۇلارمۇ يېڭى ھاۋادىن نەپەسلەنسۇن.

– بولىدۇ موما.

– تۆگىقۇشقا ئازراق يەيدىغان نەرسە تاشلاپ بەر.

موماي ئۇيقۇغا كېتىۋېتىپمۇ بۇيرۇق سوقۇشنى ئۇنتۇمىدى. ئېلوندىرا مومىسىنىڭ بۇيرۇقۋازلىقى نەتىجىسىدە توختىماي ئىشلەپ چۈش كۆرىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئېلوندىرا تۇيدۇرماي سىرىتقا چىقىپ بۈگۈنكى ئەڭ ئاخىرقى بىرنەچچە ئىشنى قىلىپ تۈگەتتى. قىز ئەزەلدىن مومىسىنىڭ جۆيلۈپ تۇرۇپ تاپىلىغان ئىشلىرىنى بەجانىدىل ئورۇنلاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنىدى.

– ئازراق ئىچىدىغان نەرسە ئېلىپ بوۋاڭ بىلەن داداڭنىڭ توپىسىغا بېرىپ تىلاۋەت قىل.

– بولىدۇ موما.

– ئۇخلاشتىن بۇرۇن بارلىق نەرسىلەرنى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇپ قويغىن. بولمىسا ئۇ نەرسىلەرنىڭمۇ ئىچى پۇشۇپ قالىدۇ.

– بولىدۇ موما.

– بوۋاڭ بىلەن داداڭ كېلىپ قالسا كىرگۈزمە. ئۇلارغا دەپ قوي، بوفېللو گراننىڭ ئالىقاپلىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرىمىز دەپ پايلاپ يۈرىدۇ.

ئېلوندىرا ئەمدى مومىسىنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلمىدى. چۈنكى ئۇ مومىسىنىڭ جۆيلۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلەتتى ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بىرنى قويماي ئورۇنداشقا مەجبۇر ئىدى. قىز دېرىزىلەرنىڭ ھىم يېپىلغان- يېپىلمىغانلىقىنى تەكشۈردى، ئاخىرقى بىرنەچچە تال شامنى ئۆچۈردى، ئاندىن چىۋىقسىمان شامنىڭ يورۇقىدا ھوجرا ئۆيگە قاراپ ماڭدى. بۇ چاغدا مومىسى ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز ھالدا خورەككە چۈشۈپ كەتكەن، سىرىتتا بوران بارغانسېرى كۈچىيىۋاتاتتى.

ئېلوندىرانىڭ ھوجرىسى مومىسىنىڭكىگە يەتمىسىمۇ، ئوبدانلا چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغانىدى. لاتا قورچاقلار ۋە ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ئوينىغان كىچىك جانۋارلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئويۇنچۇقلىرى ئۆي ئىچىنى بىر ئالغانىدى. بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىقتا ماجالىدىن كەتكەن قىز كىيىمىنى سېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي شامنى كارىۋاتنىڭ بېشىغا قويدى ۋە تەتۈرىسىگە يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. ھايال ئۆتمەي ئېلوندىرانى بەخىتسىزلىككە دۇچار قىلغان تەلۋە بوران ئۇ ياتقان ھوجرا ئۆيگە شىپقاپ كىرىپ شامداننى ئۆرۈۋەتتى، دېرىزە پەردىسىگە ئوت كەتتى.

بوران تاڭ يورۇشى بىلەن تەڭ توختاپ يامغۇر تامچىلاشقا باشلىدى، سىم- سىم يامغۇر ئەڭ ئاخىرقى ئوت ئۇچقۇنىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئۆيدىكى كۈلنى يەنە ھۆل قىلىۋەتتى. ئاساسلىقى ھىندىئانلاردىن تەشكىل تاپقان بازارلىقلار يالقۇنجاپ تۇرغان ئوت ئىچىدىن تۆگىقۇشنىڭ كۆيگەن جەسىتى، ئالتۇن يالىتىلغان پىئانىنو جاھازىسى، پۇتى سۇنغان ھەيكەل دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىشقا تىرىشاتتى. موماي ئوت ئاپىتىدە ئامان قالغان روزىغارلىرىغا تېڭىرقاش نەزەرى بىلەن قاراپ قالدى. بوۋىسى بىلەن دادىسىنىڭ توپىسى ئارىلىقىدا ئولتۇرغان ئېلوندىرانىڭ ئەمدى يىغلىغۇدەك ماجالى قالمىدى. شېخىل تاشلارنىڭ ئارىسىدا ساقلاپ قالغۇدەك بىر نەرسىلەرنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرگەن موماي ئىچى سىيرىلغان ھالدا نەۋرىسىگە قاراپ قويدى.

– بىچارە بالام،- دېدى موماي ئاچچىق ئۇھسىنىپ،- جېنىڭنى سېلىپ بەرسەڭمۇ بۇ زىيانلىرىمنى تۆلەپ بولالمايسەن جۇمۇ!

شۇ كۈنى– چىلەكلەپ يامغۇر يېغىۋاتقاندا، ئېلوندىرانىڭ مومىسى تارتقان زىيانلىرىنى تۆلىتىش مەقسىتىدە ئۇنى بازاردىكى بىر سودىگەرنىڭ دۇكىنىغا ئېلىپ باردى. سودىگەر بۇ نامرات كەنت بويىچە نارەسىدە قىزلارنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش بىلەن نامى چىققان، خوتۇنى بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەن، پاسكىنا، ئاچكۆز كىشى ئىدى. ئۇ غۇرۇر- ۋىجدانىنى يوقاتقان مومايغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئېلوندىرانىڭ بەدىنىنى مىجىقلاپ چىقتى. قىزنىڭ ئىككى پاقالچىقىدا قانچىلىك كۈچ بارلىقى، كۆكسىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ۋە يوتىسىنىڭ دېئامېتىرىنى ھېسابلاپ كۆردى، ئەمما باھا توغرۇلۇق بىر نەرسە دېيىشتىن ئىلگىرى بىر ئېغىز تىنمىدى.

– ئۇ بەك كىچىككەن، ئەمچىكىنىڭ توپچىسىلا قانجىقنىڭكىدەك يوغان ئىكەن،- دېدى سودىگەر.

دېگەنلىرىنى ئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن سودىگەر ئېلوندىرانى تارازىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ توختاتتى. قىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 42 كلوگرام كەلدى.

– 100 پېسوغىلا يارايدىكەن، – دېدى سودىگەر.

موماي ۋارقىرىۋەتتى.

– بۇلماقتەك بىر قىزغا 100 پېسو باھا قويۇۋاتقىنىڭىزنى قارىڭە!- دېدى موماي توۋلاپ دېگۈدەك،- بولمايدۇ، بۇ– يۈزى ئېچىلمىغان قىزنىڭ ئىپپىتىگە ئوچۇقتىن- ئوچۇق كۆز يۇمغىنىڭىز ئەمەسمۇ؟

– ئەمىسە 150 پېسو بولسا قانداق؟- دېدى سودىگەر يەنە.

– مۇشۇ قىزنىڭ كاساپىتىدىن بىر مىلىيون پېسودىن ئارتۇقراق پۇلغا يارايدىغان ماللىرىم كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتتى،- دېدى موماي،- بۇ باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۇ مېنىڭ زىيانلىرىمنى 200 يىلدا ئاران تۆلەپ بولغۇدەك.

– ھېلىمۇ ياخشى بۇ دېگىنىڭىزگە نەۋرىڭىزنىڭ ياش بولۇپ قالغىنى،- دېدى سودىگەر.

جۇدۇنلۇق يامغۇردا خېلىلا ئىسكەتىدىن كەتكەن بۇ ئۆينىڭ تورۇسىدىن يامغۇر تامچىلىرى چۈشۈۋاتاتتى. كۈلپەتنىڭ ئايىغى قۇرۇمايدىغان بۇ زېمىننىڭ شاھىدى بولمىش موماي شۇ قەدەر ئېغىر غېرىبلىق ئازابىنى تارتىۋاتاتتى.

– 300 پېسو بولسۇن،- دېدى موماي.

– 250 پېسو بېرەي.

ئەڭ ئاخىرىدا سودىگەر 220 پېسونى نەق بېرىدىغان، ئاندىن يەنە ئازراق يەيدىغان نەرسە قوشۇپ بېرىدىغان بولدى. موماي شۇندىلا نەۋرىسى ئېلوندىرانى سودىگەرنىڭ ئارقىسىدىن سېلىپ قويدى.

– سېنى مۇشۇ يەردە ساقلايمەن،- دېدى موماي.

– بولىدۇ موما،- دېدى ئېلوندىرا.

دۇكاننىڭ كەينىدە تورۇسى پاخالدا ئېتىلگەن، كېسەكتە قوپۇرۇلغان تۆت تۈۋرۈكنىڭ ياردىمىدە ئۆرە تۇرغان بىر ئەسكى ئىسكىلات بار ئىدى. قاتتىق يامغۇر ياغقاندا بۇ ئىسكىلاتتىن يامغۇر ئۆتۈپ كېتەتتى. تام تۈۋىگە بىر نەچچە داس ۋە باشقا ئىسسىق بەلۋاغ ئۆسۈملۈكلىرى قويۇلغانىدى. ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئارىلىقىدا رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن بىر ئاسما كارىۋات بار ئىدى؛ قارىماققا كىشىگە دولقۇندا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان يەلكەنلىك كېمىنى ئەسلىتەتتى. سىرىتتا يامغۇر شارقىراپ يېغىۋاتاتتى، تۇرۇپ- تۇرۇپ نەدىندۇر بىر يەردىن ئاللىكىملەرنىڭدۇر ۋارقىراپ- جارقىراشلىرى، ھايۋانلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى، سۇيىقەستكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ياردەم سوراپ ۋارقىرىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ قالاتتى.

ئېلوندىرا بىلەن سودىگەر يامغۇردا تېيىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەن مېڭىپ ئىسكىلاتقا كىردى. ئىككىيلەن سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك شۈمشەرەپ كەتكەنىدى. يامغۇر بەك قاتتىق يېغىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىر- بىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالمىدى. سودىگەر تۇنجى قېتىم قولىنى سوزغاندا ئېلوندىرا قورققىنىدىن چىرقىرىۋەتتى ۋە قاچماقچى بولدى. سودىگەر قىزنىڭ قولىنى بېغىشىدىن ئاستا تۇتۇپ كەينىگە قايرىدى- دە، قىزنى ئاسما كارىۋاتقا ئېلىپ ماڭدى. ئېلوندىرا جېنىنىڭ بارىچە تىپىرلايىتتى، سودىگەرنىڭ يۈزلىرىنى مورلايىتتى، ئىچ- ئىچىدىن ئېسەدەپ يىغلايىتتى. سودىگەر قىزنىڭ يۈزىگە چاڭڭىدە بىرنى سالدى ۋە ئۇنى دەس كۆتۈرۈپ بىردەم پىرقىراتقاندىن كېيىن يەرگە دەسسەتكۈزمەيلا بېلىدىن تۇتۇپ ئاسما كارىۋاتقا باستى. قىز قورقۇپ ھۇشىدىن كەتتى. سودىگەر ئېلوندىرانىڭ كىيىمىنى ئوت ئالغان پەدىدە تىتىپ- تىتىپ تاشلىدى. بۇرۇچ لاتىلار بوراندا ئۇيان- بۇيان ئۇچۇشقا باشلىدى.

ئېلوندىرا بازاردىكى جىمى ئەرلەرنىڭ باغرىنى بىرەر قېتىمدىن قاندۇرغاندىن كېيىن، مومىسى بىر يۈك ماشىنىسىنى كىرا قىلىپ ئۇنى ئەتكەسچىلەر ماڭىدىغان يول بىلەن ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار گۈرۈچ قاچىلانغان تاغار بىلەن ئاپتول تۇڭىنىڭ ئارىلىقىدا ئولتۇراتتى، ماشىنىدا يەنە ھېلىقى قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە ئامان قالغان ئازغىنە نەرسە- چىرايلىق ياسالغان كارىۋات، ئۇرۇش پەرشتىسىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ھەيكەل، كۆيۈپ تۈگىشىپ كېتەي دېگەن ئورۇندۇق، ئەسكى- تۈسكى نەرسىلەر ۋە سىرتىغا ئىككى دانە كرىست بەلگىسى سىزىلغان، ئىچىگە چوڭ- كىچىك ئامادىسلارنىڭ جەسەت كۈلى قاچىلانغان يوغان بىر ساندۇقمۇ بار ئىدى.

موماي ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بىر كونا كۈنلۈكتە قوياشتىن دالدىلىنىپ ئولتۇراتتى، ئاچچىق تەر، توپا- توزان ئۇنىڭ جېنىنى تازا قىينىماقتا ئىدى ؛ ئۆزى قىينىلىپ تەستە نەپەس ئالاتتى. لېكىن، مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ سۈرىنى بۇزماي ئولتۇرۇشنى ئۇنتۇمىغانىدى. ئاپتول باكلىرى بىلەن گۈرۈچ قاچىلانغان تاغارنىڭ كەينىدە ئېلوندىرا يۈك ماشىنىسىنىڭ مال توشۇغۇچىسىغا تېنىنى سېتىۋاتاتتى. قىز مۇشۇ ئوقىتىدىن كىرىدىغان 20 پېسو پۇل بىلەن كىرا ھەققىنى تۆلىمەكچى ئىدى. دەسلىپىدە، ئېلوندىرا ھېلىقى قېرى سودىگەرنىڭ پوكىنى ئاستىدا يېتىشتىن ئىلگىرىكىدەكلا خېلى قارشىلىق كۆرسىتىپ باقتى. ئەمما، مال توشۇغۇچى ناھايىتى قۇۋ ئىدى. ئۇ سودىگەرنىڭ ئەكسىچە قىزنى شېرىن- شېكەر گەپلەر بىلەن ئاستا ئىندەككە كەلتۈردى. مۇشەققەتلىك سەپەر ئاياغلىشىپ ماشىنا بىرىنچى بازارغىمۇ يېتىپ كەلدى. لېكىن ئېلوندىرا يۈك- تاقلارنىڭ كەينىدە تېخىچە مال توشۇغۇچىنىڭ ھەۋىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ ياتاتتى. يۈك ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى مومايغا قاراپ توۋلىدى:

– مۇشۇ يەردىن ئالدىمىزغا ماڭساڭ يەنە بىر دۇنياغا چىقىمىز.

موماي نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان غېرىبانە كوچىغا گۇمانسىراش نەزەرى بىلەن يالىتتىدە قارىدى . ئۇلار تېخى بايىلا ئايرىلغان كىچىك بازار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ بازار سەل چوڭراق، ئەمما ئوخشاشلا چۆل ئىدى .

– مەن ھېچ كۆرمەيمەنغۇ،- دېدى موماي.

– بۇ دېگەن دىن تارقىتىش رايونى.

– مەن ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئەمەس، ئەتكەسچىلىك سودىسىغا قىزىقىمەن.

ئېلوندىرا يۈك- تاقلارنىڭ كەينىدە ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتى، گۈرۈچ تاغىرىغا بارماقلىرىدا بىر نېمىلەرنى جىجىۋېتىپ قىزنىڭ قولىغا بىر تال يىپ ئۇرۇندى، يىپنى تارتىۋېدى، بىر تىزىق مارجان قولىغا چىقتى. بۇ چاغدا شوپۇر تېخىچە مومىسى بىلەن پاراڭدا ئىدى. ئېلوندىرا بارماقلىرىدا ئېسىلىپ تۇرغان مارجانغا قورقۇمسىراپ دېگۈدەك قارىدى.

– خانىم، چۈشەكىگەندەك گەپ قىلمىسىڭىزچۇ. ھازىر ئەتكەسچىلىك قىلىدىغان كىم بار دەيسىز؟

– ئەلۋەتتە بار،- دېدى موماي،- قېنى تېز ئېيتىڭە!

– ئىشەنمىسىڭىز ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ،- دېدى شوپۇر كۈلۈپ قويۇپ،- ھەممە ئادەمنىڭ ئېغىزىدا شۇ گەپ، لېكىن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئادەمدىن بىرسى يوق.

مال توشۇغۇچى ئېلوندىرانىڭ قولىدىكى مارجاننى كۆرۈپ شارتتىدە تارتىۋالدى- دە، گۈرۈچ تاغىرىغا تىقىپ قويدى. شۇ ئەسنادا مومىسى ئېلوندىرانى ئۆزىنى يۆلەپ ماشىنىدىن چۈشۈرۈشكە چاقىردى، بازاردىن غۇربەتچىلىك تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ، موماي يەنىلا مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىش نىيىتىگە كەلگەنىدى. ئېلوندىرا مال توشۇغۇچىنى چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ خەيرىلەشتى. بۇ سۆيۈش شۇنچىلىك تېز يۈز بەردىكى، قىز بۇنى چىن كۆڭلىدىن خالاپ تۇرۇپ قىلدى.

موماي كوچىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلاپ، ئۇلارنىڭ نەرسە- كېرەكلەرنى چۈشۈرۈشىگە قاراپ ئولتۇردى، ئامادىسنىڭ جەسەت كۈلى قاچىلانغان يوغان ساندۇق ماشىنىدىن ئەڭ كەينىدە چۈشۈرۈلدى.

– ھەجەپ ئۆلۈكتەك ئېغىر ساندۇقكىنە بۇ،- دېدى شوپۇر كۈلۈپ قويۇپ.

– ئىچىدىكىسى ئىككى ئادەمنىڭ جەسەت كۈلى تۇرسا، ئېغىر بولمامتى ئەمىسە،- دېدى موماي،- بەڭ ئاۋايلاڭلار جۇمۇ.

– ئۇنچىۋالا ئاۋايلىغۇدەك، ئىچىدىكىسى پىل چىشىدىن ياسالغان ھەيكەل ئەمەستۇ؟

شوپۇر ساندۇقنى ئوتتىن ئامان قالغان ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇۋېتىپ قولىنى مومايغا تەڭلىدى:

– 50 پېسو بەرسىڭىز بولىدۇ.

– ماۋۇ ياردەمچىڭ سېنىڭ ئورنۇڭدا ئېلىپ بولدى،- دېدى موماي مال توشۇغۇچىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

بۇ گەپتىن ھەيران قالغان شوپۇر مال توشۇغۇچىغا لاپپىدە قارىدى، مال توشۇغۇچى راسىت شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قول ئىشارىسى قىلدى. شوپۇر كابىكىغا چىقتى، كابىنكىدا بالا كۆتۈرۈۋالغان، چىرايىنى مۇڭ باسقان بىر ئايال ئولتۇراتتى، قۇچاقتىكى بالا قىرقىراپ يىغلايىتتى. مال توشۇغۇچى زور ئىشەنچ بىلەن مومايغا دېدى:

– ماقۇل كۆرسىڭىز، ئېلوندىرا مەن بىلەن كەتسە. بۇ گەپلەرنى مەن چىن كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ دەۋاتىمەن.

– بۇ گەپنى ئۇنىڭغا مەن ئۆگەتمىدىم جۇمۇ!- دېدى ئېلوندىرا قورقۇمسىراپ.

– دېگەنلىرىم راست،- دېدى مال توشۇغۇچى.

موماي زادى قانچىلىك بىر نېمىسى باردۇر، دېگەن نەزەردە مال توشۇغۇچىنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە بىر قۇر قارىۋېتىپ دېدى:

– زىيىنىمنى تۆلىيەلىسەڭ، باشقا گېپىم يوق. چۈنكى شۇ زىيانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭ كاساپىتىدىن بولدى. جەمئىي بولغان زىيان 862 مىڭ 315 پىسو، ئۇنىڭدىن 420 پىسونى چىقىرىۋەتكەندە، يەنە 861 مىڭ 890 پىسو قالدى.

ماشىنا قوزغالدى.

– ماڭا ئىشىنىڭ، ئەگەر مەندە شۇنچىلىك پۇل بولغان بولسا، سىز بىلەن ھەرگىز تالىشىپ ئولتۇرمايىتتىم،- دېدى مال توشۇغۇچى تەمكىنىنى بۇزماي،- بۇ قىزنىڭمىغۇ شۇنچىلىك پۇلغا يارىغۇچىلىكى بار بولمىسا.

موماي مال توشۇغۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مەمنۇنىيەت بىلەن دېدى:

– چاتاق يوق بالام. ھازىرچە كېتىپ، ئاشۇ پۇلنى تاپقان كۈننىڭ ئەتىسى كەلگىن. ھېسابلاپ كېلىدىغان بولسام، سەن ماڭا يەنە 10 پېسو قەرز بولغان بولىسەن تېخى!

مال توشۇغۇچى ماشىنىنىڭ تەكچىسىگە پۇتىنى ئالدى، ماشىنا ئاستا- ئاستا ئۇزاپ كەتتى. ئۇ قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئېلوندىرا بىلەن خەيرىلەشتى، مومىسىدىن قورقۇپ ئاران تۇرغان ئېلوندىرا ئۇنىڭ قول ئىشارىسىگە دىققەت قىلمىدى.

ماشىنا ئۇلارنى ئاشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى. ئېلوندىرا بىلەن مومىسى قاڭالتىر ۋە گىلەم پارچىلىرى بىلەن قوياش نۇرى تىككىدە چۈشۈپ تۇرغان ئوچۇقچىلىققىلا بىر چېدىر تىكتى، ئاندىن داق يەرگىلا ئىككى پارچە بورىنى سالدى- دە، بەئەينى ياسىداق ئۆيىدە ياتقاندەك تولىمۇ تاتلىق ئۇخلىدى، قوياش چېدىرنىڭ تورۇسىدىكى تۆشۈكتىن قىزىق تەپتىنى يۈزلىرىگە سەپكەندىلا ئاندىن كۆزىنى ئاچتى.

ئۇ كۈنى مومىسىنىڭ پوزىتسىيىسى باشقىچىلا يۇمشاپ قالدى، ئەتىگەندىلا ئېلوندىرانىڭ چاچلىرىنى تۈجۈپىلەپ تارىدى، چىرايلىق ياساندۇردى. ياشلىقىدا ئۆزىنى قانداق ياساپ يۈرگەن بولسا، يەنە شۇ پەدىدە قىزنىڭ قاش- كۆزلىرىنى بويىدى، يالغان كىرپىك تاقىدى، چاچلىرىنى كېپىنەكنىڭ قانىتىغا ئوخشىتىپ چىرايلىق بانتىلىدى.

– نېمە ئۇ بايامقى تۇرۇقۇڭ، ئادەمنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرۈپ،- دېدى مومىسى رازىمەنلىك بىلەن،- مانا ماۋۇ تۇرۇقۇڭ بولدى. ئەر كىشى دېگەن ئەر – ئاياللىق ئىشىدا تولىمۇ ياۋايىلىشىپ كېتىدۇ.

يىراق بىر يەرلەردىن قېچىرنىڭ تىكىسلاپ مېڭىپ كېلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى. مومىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەڭ، ئېلوندىرا گويا تۇنجى رەت سەھىنىگە چىقىۋاتقان ئارتىستقا ئوخشاش ئۆزىنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرۈپ بولۇپ، تۆشەككە كىرىپ ياتتى. مومىسى ھاسىسىغا تايانغىنىچە چېدىرنىڭ ئالدىغا چىقتى- دە، ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلاپ قېچىرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى.

بىر پوچتالىيون يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى. پوچالىيون 20 ياشلار چامىسىدىكى يىگىت بولسىمۇ، خەت توشۇيمەن دەپ كەچكىچە سوكۇلداپ يۈرگەچكىمىكىن، ئوزايىدىن خېلىلا قېرى كۆرۈنەتتى. ئۇچىسىغا قىپقىزىل كىيىم، پۇتىغا ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتۈك، بېشىغا يوغان گىرۋەكلىك شىلەپە كىيگەن، بېلىدىكى تاسمىسىغا ھەربىيلەرنىڭ تاپانچىسىنى قىستۇرۇۋالغان بۇ يىگىت پوچتا تاغىرى ئارتىلغان قاۋۇل قېچىرنىڭ ئۈستىدە چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ كېلىۋاتاتتى.

ئۇ موماينىڭ ئالدىغا كەلگەندە، قول ئىشارىسى بىلەن سالام قىلىپ قويۇپ يولىنى داۋام ئەتتى. موماي ئۇنىڭغا چېدىر ئىچىگە قاراپ بېقىپ ماڭمامسەن دېگەن مەنىدە شەرەت قىلدى. پوچتالىيون قېچىرىنى توختىتىپ، ئۇچىسىغا گىرۋەكلىرىگە گۈل تۇتۇلغان توق بىنەپشە رەڭلىك كۆڭلەك كىيگەن، كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك چىرايلىق ياسىنىۋالغان بىر قىزنىڭ تۆشەكتە ياتقىنىنى كۆردى.

– قانداق، يارىدىمۇ؟- سورىدى موماي.

موماينىڭ گېپىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلغان پوچتالىيون كۈلۈپ قويۇپ دېدى:

– نېمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى ھېچ چۈشىنەلمىدىم.

– 50 پىسو،- دېدى موماي.

– بەللى، زەھەردەك قىممەتچىكەنسىزغۇ سىز!- دېدى پوچتىكەش،- 50 پىسوغا مەن دېگەن بىر ئاي تاماق يەيمەن.

– نېمانچە پىخسىق نېمە سەن، ئاۋىئاتسىيە پوچتىكەشلىرىنىڭ مائاشىنىڭ باستېرلارنىڭكىدىنمۇ يوقىرى ئىكەنلىكىنى مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟

– مەن دېگەن يەرلىك پوچتالىيون، ئاۋىئاتسىيە پوچتالىيونلىرى كىچىك تىپتىكى قارا ماشىنا ھەيدەيدۇ.

– دەۋاتقان گېپىڭنى قارا، كۆڭۈل ئېچىشمۇ تاماققا ئوخشاشلا موھىم ئەمەسمۇ.

– لېكىن ئۇ ئىشنى قىلغانغا قورساق تويمايدۇ- دە!

موماي بۇ يالاڭتۆش پوچتالىيون بىلەن باھا تالىشىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى خالىمىدى.

– قانچە پۇل بېرەلەيسەن؟- سورىدى موماي.

پوچتالىيون قېچىرىدىن لىككىدە سەكرەپ چۈشتى- دە، كولاشتۇرۇپ يۈرۈپ يانچۇقىدىن پۇرلىشىپ كەتكەن بىر نەچچە ۋاراق پۇلنى ئېلىپ مومايغا تەڭلىدى. پۇلنى كۆرسە يىرتقۇچ قۇشتەك ئېتىلىشقا ئارانلا تۇرىدىغان موماي ئاچكۆزلۈك بىلەن پۇلغا كاپپىدە ئېسىلدى:

– پۇلۇڭ سەل ئازكەن، بوپتۇ دەي. لېكىن بىر شەرتىم بار، بارغانلا يېرىڭدە بۇ ئىشنى داۋراڭ قىلىسەن.

– چاتاق يوق، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە داۋراڭ قىلىسەن دېسىڭىزمۇ قىلالىغۇچىلىكىم بار مېنىڭ،- دېدى پوچتالىيون.

ئېلوندىرادا مومىسىنىڭ قارارىغا قارشى قوپقۇدەك جۈرئەت يوق ئىدى. ئۇ كۆزلىرىگە قادىۋالغان يالغان كىرپىك، يالغان كۆزلىرىنى ئېلىۋېتىپ، تۆشەككە ئۆزىنى تاشلىدى- دە، نېرىسىغىراق سۈرۈلۈپ پوچتالىيونغا ئورۇن راسلىدى. پوچتالىيون چېدىر ئىشىكىدىن پۇتىنى ئېلىشىغىلا موماي ئىشىك پەردىسىنى يېپىۋەتتى.

راست دېگەندەك، پوچتالىيوننىڭ داۋرىڭى ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى، ئېلوندىرانىڭ باغرىغا قېنىش ئۈچۈن 20 ئەر يىراقنى يىراق دېمەي كېلىشتى. كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا لاتارىيە ساتقۇچىلار، ئۇششاق يېمەكلىك ساتقۇچىلارمۇ بار ئىدى. كېيىن، ۋېلىسىپىت مىنىۋالغان بىر فوتوگرافمۇ كەلدى، ئۇ چېدىرنىڭ ئالدىغا سۈرەت تارتىش ئاپپاراتىنىڭ جاھازىسى تىكلىدى، ئاققۇنىڭ كۆلدە لەرزان ئۈزۈپ يۈرگەن رەسىمى چۈشۈرۈلگەن دېكوراتسىيە تارتتى.

موماي گويا بۇ يەر ئۆزىنىڭ شەخسىي بازىرىدەك، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋېلىپ ئۆزىنى يەلپۈيىتتى، قاياقتىن خېرىدار كېلەركىن دەپ ھاياجان ئىلىكىدە ئىڭەك تۇتۇپ ئولتۇراتتى. موماي دەسلەپتە بەك چىڭگىزلىك قىلىپ تۇرۇۋالدى، بىر قېتىم ھەتتا بەش پېسونى دەپ بىر كونا خېرىدارىنى رەت قىلىپمۇۋەتتى. ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى، مومايمۇ خېلى تەجرىبىلىك بوپ قالدى، مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئىزنىكى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، تويلۇق ئۈزۈك، ئالتۇن دېگەندەك نەرسىلەرگىمۇ ماقۇل دەۋېرىدىغان بولدى.

ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، مومايمۇ خېلى جىق پۇل يىغىۋالدى. ئېشەكتىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئورۇن يۆتكەپ تۇردى، چالا قالغان زىيانلىرىنى تولدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بازار قىلىشقا ئەپلىك جاي ئىزدىدى. مومىسى ئېشەككە ئارتىلغان جاھازا ئۈستىدە ئولتۇراتتى، ئېلوندىرا ياندا مومىسىغا كۈنلۈك تۇتۇپ ماڭاتتى. كەينىدىن تۆت ئىندىئان ئۇلارنىڭ جىمى مەنقۇلاتلىرىنى- ئۇخلىغاندا سېلىپ ياتىدىغان بورا، ئورۇندۇق، گەژدە قاتۇرۇلغان پەرىشتە ھەيكىلى ۋە ئامادىسنىڭ جەسەت كۈلى قاچىلانغان ساندۇقنى كۆتۈرۈپ كېلەتتى. ھېلىقى فوتوگرافمۇ ۋېلسىپىتىگە مىنىۋېلىپ ئۇلار بىلەن مەلۇم ئارىلىق تاشلاپ ئەگىشىپ ماڭاتتى.

ئوت كەتكەن ئىشقىمۇ ئالتە ئاي بولۇپ قالدى، موماينىڭ ئوقىتىمۇ ئوبدانلا يۈرۈشۈپ بەردى. بىر كۈنى ئۇ ئېلوندىراغا دېدى :

– ئوقىتىمىز مۇشۇنداقلا يۈرۈشۈپ بېرىدىغان بولسا ، يەنە 8 يىل 7 ئاي 8 كۈندە جىمى قەرزلىرىڭنى تۆلەپ بولغۇدەكسەن. ئەلۋەتتە بۇ ئىندىئانلارنىڭ ئىش ھەققى، يېمەك- ئىچمىكى ۋە باشقا ئۇششاق چىقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

ئېلوندىرا ئېشەكنىڭ كەينىدىن قالماي كېلەتتى، ئىسسىقنىڭ دەستىدىن ھېچ ھالى قالمايۋاتاتتى، مومىسىنىڭ ھېساب سوقۇشلىرىغا ئىنكاس بىلدۈرمىگىنى بىلەن، سەللا ئۆزىنى تۇتۇۋالمىسا پاڭڭىدە يىغلاپ تاشلايدىغاندەكلا قىلاتتى.

– ئۇستىخانلىرىم ئۈگە- ئۈگىلىرىگىچە ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ،- دېدى ئېلوندىرا.

– ئەمىسە بىردەم ئۇخلىۋالغىن.

– بولىدۇ موما.

قىز كۆزلىرىنى يۇمۇپ چوڭقۇر نەپەس ئالدى- دە، كېتىۋېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتى.

لىققىدە سىۋەت بېسىلغان بىر قارا ماشىنا يىراقتىن توپا- چاڭ توزىتىپ كېلىۋاتاتتى، ماشىنىدىن ئۈركۈگەن بۆكەنلەر تەرەپ- تەرەپكە پېتىراپ كەتتى. سىۋەتتكى مەھكۇم قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاپ سايراشلىرى ئېغىر بۇرۇقتۇرمىلىق قاپلىغان يەكشەنبە كۈنىدە، گويا سۈزۈك بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بۇلدۇق- بۇلدۇق سۇ ئاۋازىنى ئەسلىتەتتى. ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىۋاتقىنى يەل بېرىپ قويغان توپتەك سەمرىگەن گوللاندىيىلىك دېھقانچىلىك فېرما خوجايىنى ئىدى، بوران- چاپقۇندا تولا يۈرگەچكىمىكىن، تېرىلىرى قاتاڭغۇرلىشىپ كەتكەنىدى. خېنە رەڭ ساقال- بۇرۇتلىرىنىڭ قايسى بوۋىسىدىن ئېرسىيەت قالغىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيىتتى. يېنىدا ياشلىقىنىڭ تازا ئالتۇن پەسلىدە تۇرۇۋاتقان ئوغلى ئۇلىسېس ئولتۇراتتى. ئۇ كۆزلىرى دېڭىز سۈيىدەك يېشىل، مەرۋايىتتەك نۇرلۇق، بوي- بەستى قاملاشقان زىلۋا يىگىت ئىدى. ئېلوندىرالار تىككەن چېدىر دېھقانچىلىق فېرمىسى خوجايىنىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق بىر ئارمىيىنىڭ جىمى ئەسكىرى چېدىرنىڭ ئالدىدا ئۆچرەت بوپ كەتكەنىدى. ئەسكەرلەر بىر بوتولكا ھاراقنى بوتولكىسى بىلەنلا ئايلاندۇرۇپ ئىچىپ ئولتۇراتتى، ھەممىسىنىڭ بېشىدا شاپتۇل شېخىدىن ياسالغان سەللە، گويا ھېلىلا ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغاندەك ھالەتتە تۇراتتى. گوللاندىيىلىك كىشى گوللاند تىلىدا ئوغلىدىن سورىدى:

– ئاۋۇ يەردە نېمە سېتىۋاتقاندۇ؟

– بىر قىزنى دەپ شۇنداق ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقانلار ئۇ،- ئۇدۇللا جاۋاب بەردى ئۇلىسېس،- ئۇ قىزنىڭ ئىسىمى ئېلوندىرا.

– بۇنى سەن قانداق بىلىسەن؟

– بۇ قاقاسلىقتا بۇنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق،- دېدى ئۇلىسېس.

گوللاندىيىلىك كىشى بازاردىكى بىر كىچىك مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئۇلىسېس ماشىنىدا قېپقېلىپ، دادىسىنىڭ ئورۇندۇققا قويۇپ قويغان ھۆججەت سومكىسىنى تېزلىك بىلەن ئاچتى ، ئىچىدىن بىر تاتازا پۇلنى ئالدى- دە، ئارىسىدىن بىر نەچچە ۋارىقىنى سۇغۇرۇپ يانچۇقىغا سالدى، ئاندىن قالغىنىنى يەنە ئۆز جايىغا قويۇپ قويدى. جاھاننى قاراڭغۇلۇق ئۆز قوينىغا ئالدى، ئۇ دادىسىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، مېھمانخانىدىن ئاستاغىنە سۇغۇرۇلۇپ چىقتى- دە، ئۇدۇل بېرىپ ئۆچرەتتىكىلەرنىڭ سېپىگە قېتىلدى.

بايرام تۈسىنى ئالغان بىر شادىيانىلىك تازا ئەۋجىگە چىققانىدى، ئوبدانلا مەست بوپ قالغان ياشقا چوڭراق بىر ئەسكەر بىكارلىق مۇزىكىنىڭ رېتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى، فوتوگراف پاراسلىتىپ سۈرەت تارتىش بىلەن مەلەك ئىدى. موماي خېرىدار كۈتكەچ، ئېتىكىگە ئۈزۈلمەي چۈشۈۋاتقان پۇللارنى سانايىتتى. يەنە 12 ئەسكەر نۆۋەت ساقلاپ تۇراتتى، چۈشتىن كېيىن بىر نەچچە كىشى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قېتىلدى. ئۇلىسېس ئۆچرەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇراتتى.

نۆۋەت چىرايىنى مۇڭ باسقان بىر ئەسكەرگە كەلگەندە، موماي ئۇنى كىرگۈزمىدى، پۇلىنىمۇ قايتۇرۇۋەتتى.

– بولدى بالام،- دېدى موماي ئەسكەرگە،- مورلارنىڭ جىمى ئالتۇنلىرىنى بەرسەڭمۇ ساڭا ماقۇل دېمەيمەن. ئەپتىڭگە قارىسا ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلىدىكەن.

ئەسكەر ھەيرانلىق ئىلىكىدە سورىدى:

– نېمىشقا ئەمدى؟

– سەندە بىر پېشكەلچىلىك باردەك تۇرىدۇ. بۇ، چىرايىڭدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرۇپتۇ.

موماي كەينىڭدىكىگە يول بوشات دېگەن مەنىدە ئەسكەرگە قولىنى شىلتىدى.

– سەن كىرگىن پالۋان،- دېدى موماي مۇلايىملىق بىلەن يەنە بىر ئەسكەرگە،- بالدۇرراق چىقارسەن، ۋەتەن ساڭا مۇھتاج.

ئەسكەر كىرىپ كېتىپ ھايالشىمايلا يېنىپ چىقتى، چۈنكى ئېلوندىرا مومامغا گېپىم بار دەپ ئۇنى چىقىرىۋەتكەنىدى. موماي پۇل سېلىنغان سىۋەتنى قولتۇقىغا قىستۇرغىنىچە چېدىرغا كىردى. چېدىرنىڭ ئىچى ناھايىتى تار بولۇشىغا قارىماي تولىمۇ رەتلىك، پاكىزە ئىدى. چېدىرنىڭ بۇلۇڭىدا– تاغاردا راسلانغان تۆشەكتە ياتقان ئېلوندىرانىڭ بەدىنى دىر- دىر تىتىرەيىتتى، ئۈستىبېشى ئەسكەرلەردىن ساقىغان تەر بىلەن چىلىق- چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن، ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقان خېرىدارلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىمەن دەپ ھالىدىن كەتكەنىدى.

قىز ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى:

– موما، زادىلا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.

موماي قولىنى قىزىنىڭ پىشانىسىگە قويۇپ قىزىمىغانلىقىنى بىلدى- دە، تەسەللىي بېرىپ ئېيىتتى:

– چىدىۋەتكىن بالام، يەنە 10 ئەسكەرلا قالدى.

ئېلوندىرا گويا قاپقانغا چۈشكەن جانۋاردەك ئېسەدەپ يىغلايتتى. قىزنىڭ بولالمايۋاتقىنىنى بىلگەن موماي باشلىرىنى سىيلاپ، قىزنى يىغىدىن پەس قىلدى.

– بەك ئاجىزلاپ كېتىپسەن. بولدى، يىغلىمىغىن! تۇز سۈيى بىلەن ئوبدان يۇيۇپ بەرسەڭ ياخشى بوپ قالىسەن . . .

ئېلوندىرا جىمىپ قالدى. موماي چېدىردىن چىقىپ، نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان بايىقى ئەسكەرگە پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىۋېتىپ دېدى:

– بۈگۈن ئوقىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولىدۇ. ئەتە كەلگىن، نۆۋەتنى بىرىنچى بولۇپ ساڭا بېرەي،- ئارقىدىن موماي ئۆچرەتتە تۇرغانلارغا ۋارقىرىدى:

– قايتىڭلار يىگىتلەر، ئەتە سائەت 9 دا كېلىڭلار.

خېرىدارلار بىردىن – ئىككىدىن تارقىغاچ غۇدۇرۇشۇپ قويدى. موماي ھاسىسىنى شىلتىپ ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ئاچۇرمىدى:

– ھۇ كاللىسى ئىشلىمەيدىغان خۇمپەرلەر! شۇ ئىشتىن باشقىنى ئويلاشمايسىلەر زادى، قىزىمنىڭ جېنىنى تۆمۈرمىكىن دەپ قېلىشتىڭما! ھەر قايسىڭ ئاشۇنداق يېتىشىپ باقە قېنى قانداق بوپ كېتىشەرسەنكىن. ھۇ خوتۇنپۇرۇش گۇيلار، تەربىيە كۆرمىگەن پەسەندىلەر!

كىشىلەر ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە ئەپسانە گەپلەر بىلەن موماينىڭ دەككىسىنى بەردى. موماي ئۇلار بىلەن تىللىشىپ ئولتۇرۇشنى خوپ كۆرمىدى بولغاي، قولىغا ھاسىسىنى ئېلىۋېلىپ كىشىلەر تامام كەتكۈچە ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋالدى. موماي چېدىرغا كىرىپ كېتەي دەپ تۇرۇشىغا، ئۇلىسېسنىڭ قاراڭغۇدا ئۆزى يالغۇز تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ خۇددى بىر تازقاراغا ئوخشاش، كەچ كىرىپ كېتىۋاتقىنىغا پەرۋامۇ قىلماي تىككىدە تۇراتتى.

– قانىتىڭنى بىر يەردە قويۇپ قويغانمىتىڭ؟- دېدى موماي ئۇنىڭغا.

– بوۋامنىڭ قانىتى بار ئىدى،- دەپ جاۋاب بەردى ئۇلىسېس تەمكىنلىك بىلەن،- لېكىن، بۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.

موماي بالىغا سىنچىلاپ قارىۋېتىپ دېدى:

– گېپىڭگە ئىشەندىم. ئەتە قانىتىڭنى ئالغاچ كېلەرسەن،- موماي ئۇلىسېسنى تېشىدا قالدۇرۇپ چېدىرغا كىرىپ كەتتى.

ئېلوندىرا بويىنى سۇغا سالغاندىن كېيىن خېلى راھەتلىنىپ قالدى. ئۇچىسىغا گۈللۈك مايكا ئالماشتۇرۇۋالدى، يىغىدىن ئۆزىنى ناھايىتى تەستە تۇتۇۋالدى، چاچلىرىنى قۇرۇتۇپ يېتىشقا تۇتۇندى. مومىسى ئاللىبۇرۇن ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.

ئۇلىسېس ئېلوندىرانىڭ كارىۋىتىنىڭ كەينىدىن ئاستاغىنە بېشىنى چىقاردى. قىزنىڭ كۆزلىرى ئۇلىسېسنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشتى، لېكىن لام- جىم دېمىدى، چۈشۈم ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ پەرۋا قىلماستىن قولياغلىقى بىلەن يۈزلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇۋەردى. ئۇلىسېس قىزغا كۆزىنى قىستى. قىز پەس ئاۋازدا سورىدى:

– كىم سىز؟

ئۇلىسېس كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ دېدى:

– ئىسمىم ئۇلىسېس،- ئۇ دادىسىنىڭ يېنىدىن ئوغىرلاپ كەلگەن پۇللارنى چىقىرىپ گېپىنى داۋام قىلدى،- ماۋۇ پۇلنى كۆردىڭىزمۇ.

ئېلوندىرا قوللىرى بىلەن كارىۋاتقا ئېسىلىپ تۇرۇپ بېشىنى ئۇلىسېسقا يېقىن ئەكەلدى، خۇددى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىكى ئويۇنلارنى ئويناۋاتقاندەك، ئۇلىسېس بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشتى.

– ئۆچرەتتە تۇرمىسىڭىز قانداق بولىدۇ،- دېدى قىز.

– ھېلىمۇ بىر كېچە ساقلىدىم.

– ئەمىسە ئەتىگىچە ساقلاڭ. شۇ تاپتا بېلىم ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك چىدىغۇسىز ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ.

شۇ ئەسنادا موماي يەنە جۆيلۈشكە باشلىدى:

– ئەڭ ئاخىرقى رەت يامغۇر ياغقان ئاشۇ كۈنگە 20 يىل بولاي دەپ قالدى. ئۇ كۈنى بوران ئاجايىپ دەھشەت چىقتى، چىلەكلەپ قۇيغاندەك دەھشەتلىك يامغۇردا ئۇلغايغان دېڭىز سۈيى تېشىپ، ئۆينى بېلىق بىلەن قۇلۇلە بېسىپ كەتتى، رەھمەتلىك بوۋاڭ ئامادىس نۇر چېچىپ تۇرغان بىر نەرسىنىڭ كۆكتە ئۇچۇپ يۈرگىنىنى كۆرۈپتۇ.

ئۇلىسېس ئۆزىنى دەررۇ كارىۋاتنىڭ كەينىگە ئالدى. ئېلوندىرا ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپ تاشلىدى ۋە ئۇنىڭغا دېدى:

– ئۈش، ئاۋاز چىقارماڭ، مومامنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا ئىلىنسىلا ئاشۇنداق ساراڭدەك جۆيلۈيدۇ، لېكىن قاتتىق يەر تەۋرىسىمۇ ئويغانمايدۇ.

ئۇلىسىېس كارىۋاتنىڭ كەينىدىن يەنە بېشىنى چىقىرىپ، كارىۋات كىرلىكىنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىن تۇتتى. كىرلىك كارىۋاتقا باققاندا بەكلا چوڭ بولغاچقا، سۆرۈلۈپ قالغان يېرىنى قاتلاشقا خېلى ۋاقىت كەتتى. كىرلىك ھەربىر قاتلانغاندا ئۇلىسېس ئېلوندىراغا ئاز- ئازدىن يېقىنلىشاتتى.

– سىزنى قاچان كۆرەرمەن دەپ بەك تەقەززا بولغانتىم. خەقنىڭ سىزنى قالتىس چىرايلىق دېگىنى بىكار ئەمەسكەن، ھەقىقەتەن بەك چىرايلىقكەنسىز،- دېدى ئۇلىسېس تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا.

– ئۆلۈپ قالاي دەپ قالدىم،- دېدى ئېلوندىرا.

– ئاپامنىڭ دېيىشىچە، قاقاس دالىدا ئۆلگەن كىشى جەننەتكە كىرەلمەسمىش، ھامان ئۆلگەندىكىن، بىراقلا دېڭىزدا ئۆلگەن ياخشىمىش،- دېدى ئۇلىسېس قىزغا.

ئېلوندىرا بايىقى مەينەت كىرلىكنى بىر ياققا قايرىۋېتىپ، ئورنىغا پاكىز، دەزماللانغان كىرلىكنى سالدى.

– مەن دېڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان،- دېدى قىز.

– دولقۇنلىنىپ تۇرغان سۈيىنى دېمىسە، دېڭىزمۇ مۇشۇ قاقاسلىققا ئوخشاپ كېتىدۇ،- دېدى ئۇلىسېس.

– ئەمىسە پىيادە ماڭغىلى بولمىغۇدەك.

– دادام سۇدا ماڭالايدىغان بىر كىشىنى تونۇيىتتى، لېكىن ئۇنىڭغىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار بولۇپ كەتتى.

ئېلوندىرانىڭ كۆڭلى ئوبدانلا كۆتۈرۈلۈپ قالدى، لېكىن ئۇيقۇنىڭ قىينىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇلىسېسقا دېدى:

– ئەتە بالدۇرراق كېلەلىسىڭىز، ئۆچرەتنىڭ ئالدىدا تۇرالايسىز.

– تاڭ ئاتسىلا دادام بىلەن كېتىپ قالىمەن.

– ئەمدى بۇ يەرگە كەلمەمسىلەر؟

– تاڭەي، ھېچ بىلمىدىم،- دېدى ئۇلىسېس،- چېگراغا بارىدىغان يولدا نىشاندىن ئادىشىپ قېلىپ، مۇشۇ يەرگە كەپ قالدۇق.

ئېلوندىرا بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى، قاتتىق ئۇخلاۋاتقان مومىسىغا لاپپىدە بىرنى قاراپ قويۇپ دېدى:

– بوپتۇ، ئەكېلىڭە پۇلىڭىزنى.

ئۇلىسېس پۇلنى قىزغا تەڭلىدى. ئېلوندىرا كارىۋاتتا سوزۇلۇپ ياتتى، جۈرئىتىنى يوقاتقان ئۇلىسېس غال- غال تىتىرىگىنىچە جايىدا جىممىدە تۇراتتى. قىز ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ تېزرەك بولۇشقا ئالدىراتتىيۇ، يىگىتنىڭ مۇڭ باسقان چىرايىغا دىققەت قىلىپ ئۈلگۈردى. قىز ئەر زاتىدىكى بۇنداق يۈرەكسىزلىكنى ئوبدان چۈشىنەتتى.

– بۇ ئىشنى تۇنجى قېتىم قىلىشىڭىز ئوخشىمامدۇ؟- سورىدى قىز.

ئۇلىسېس ئۇن چىقارماي خىجىللىق ئىلىكىدە كۈلۈپ قويدى. قىز ئۇنىڭغا ئۆز تەجرىبىسى بويىچە دېدى:

– جىددىيلەشمەڭ، ئاستا نەپەس ئېلىڭ، تۇنجىسىدا شۇنداق بولىدۇ.

قىز ئۇنى يېنىدا ياتقۇزدى، كىيىملىرىنى سالدۇرغاچ، ھەرخىل ناز- خۇلقلارنى چىقىرىپ ئۇنى سىيلاپ- سىيپاشقا باشلىدى.

– ئىسمىڭىز نېمە؟

– ئۇلىسېس.

– بۇ دېگەن ئامېرىكىلىقنىڭ ئىسمىغۇ؟

– ياق، دېڭىزچىلارنىڭ ئىسىمى.

ئېلوندىرا ئۇنى بالىلارچە ھېسسىياتتا سۆيدى.

– بىر قارىسا ئالتۇن بويلۇق يىگىتكەنسىز، لېكىن بويىڭىزدىن گۈل ھىدى پۇراپ تۇرىدۇ،- دېدى ئېلوندىرا .

– گۈل ھىدى ئەمەس، ئاپېلىسىن ھىدى كېلىۋاتىدۇ دېسىڭىز توغرا بولىدۇ،- دېدى ئۇلىسېس.

ئۇلىسېستىكى بايىقى جىددىيلىك ئوبدانلا پەسىيىپ قالغانىدى، ئۇ چىرايىغا سىرلىق كۈلكە يۈگۈرتۈپ دېدى:

– ماشىنىدىكى قۇشلارنى ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىۋالغان، ئەمەلىيەتتە ئاپېلىسىننى چېگرىدىن ئەتكەس قىلىپ ئۆتكۈزمەكچى.

– ئاپېلىسىن توشۇش ئەتكەسچىلىك ھېسابلانمايتتىغۇ،- دېدى ئېلوندىرا.

– توغرا، ئاپېلىسىن سودىسى ئەتكەسچىلىك ھېسابلانمايدۇ،- دېدى ئۇلىسېس،- لېكىن بىزنىڭ ئاپېلىسىنلىرىمىزنىڭ بىر تېلى 50 مىڭ پىسو.

ئېلوندىرا تۇنجى رەت ھوزۇرلىنىپ كۈلدى.

– مەن سىزنىڭ يالغان گەپ توقۇغان چاغدىكى سۈرلۈك تۇرۇقىڭىزغا ئامراق بوپ قالدىم.

ئېلوندىرا يەنە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايىتتى، گەپلىرىمۇ خېلى كۆپىيىپ قالدى، ئۇلىسېسنىڭ ساددىلىقى يالغۇز كەيپىياتىنىلا ئەمەس، مىجەز- خۇلقىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتكەندەك تۇيغۇدا بولدى. موماي ئۇلارنىڭ يېنىدىلا ياتاتتى، جۆيلۈشلىرى ھېچ بېسىقىدىغاندەك قىلمايىتتى.

– مارت ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى، ئۇلار سېنى ئۆيگە ياندۇرۇپ كەلدى. سەن خۇددى ئۇزۇن كەسلەنچۈككە ئوخشاش پاختىغا يۆگىنىپ ياتاتتىڭ. داداڭ ئامادىس شۇ چاغدا ناھايىتى ياش، قاملاشقان كىشى ئىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ خوشلۇقىدا ئادەم ئەۋەتىپ ئىككى پەيتۇن گۈل ئەكەلدۈردى، كوچىمۇ- كوچا توۋلاپ يۈرۈپ گۈل چاچتى، بازارنىڭ ھەممە يېرىنى گۈلگە پۈركۈۋەتتى.

موماي نەچچە سائەتكىچە ئاغزى بېسىقماي جۆيلىدى، ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ ھاياجان بىلەن سۆزلىدى. ئېلوندىرا تاكى مەشرىق تەرەپ ئاقارغۇچە ئۇلىسېسنى پۈتۈن ئىشقى- مۇھەببىتى بىلەن سىيلاپ- سىيپىغاچقا، موماينىڭ جۆيلۈشلىرى ئۇلىسېسنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى.

بىر توپ مىسسىيونېر خىرىستوسنىڭ كىرىسىتقا مىخلانغان سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ قاقاس دالىدا يانمۇيان تۇراتتى. ئۇلارنىڭ كاناپتا تىكىلگەن يەكتەكلىرى، ساقال- بۇرۇتلىرى شىددەتلىك شۇم بوراندا توختىماي يەلپۈنەتتى، ئۇلارغا ئورنىدا مەزمۇت دەسسەپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى بەرمەيىتتى. ئۇلارنىڭ كەينى تەرىپىدە بىر موناستېر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، مۇستەملىكە دەۋرىدىن قالغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تاشتىن قوپۇرۇلغان قوپال ھاك تېمىغا چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس بىر سائەت ئېسىقلىق تۇراتتى.

بۇ كىشىلەرنىڭ باشلامچىسى- ياشقا كىچىكرەك كەلگەن بىر مىسسىيونېر سېغىز توپىلىق يەردىكى بىر يېرىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:

– مۇشۇ سىزىقتىن ئۆتكۈچى بولۇشما!

تۆت ئىندىئان ياغاچ تەختىرىۋاننى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتاتتى، موماي تەختىراۋاندا تىككىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ چىپپىدە توختاشتى. موماي تەختىراۋاندا ئولتۇرۇۋېرىپ ئوبدانلا قىينالغان، بۇ ئاز كەلگەندەك، قاقاس دالىدا پۇرقىراپ ئۇچۇپ يۈرگەن توپا- چاڭ روھىنى سۇندۇرۇپ پۇسكايىتىۋەتكەن بولسىمۇ، پېتىنى بۇزماي ئولتۇراتتى. ئېلوندىرا پىيادە كېلىۋاتاتتى. تەختىراۋاننىڭ كەينىدە سەككىز يۈك توشۇغۇچى ئىندىئان ، ئۇنىڭ كەينىدە ھېلىقى فوتوگراف ۋېلىسىپىت مىنىپ كېلىۋاتاتتى.

– بۇ قاقاسلىق ھەرقايسىڭنىڭمىدى،- دېدى موماي.

– بىزنىڭ بولمىغىنى بىلەن تەڭرىنىڭ،- دېدى مىسسىيونېر،- سەن ئۆرپ- ئادەتنى پايخان قىلىدىغان ئاشۇ پەسكەش ئوقىتىڭ ئارقىلىق تەڭرىنىڭ مۇقەددەس ھۆكمىنى دەپسەندە قىلىۋاتىسەن.

موماي مىسسىيونېرنىڭ تەلەپپۇزى، سۆزلەش ئۇسۇلىدىن ئىسپانىيىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى. موماي ھەم كەينىگە چېكىنمەسلىك، ھەم ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوسال بولۇپ قالماسلىق نىيىتىدە سىپايىلىك بىلەن ئېغىز ئاچتى:

– سىلەرنىڭ ئۇ سىرلىق ئىشلىرىڭلارنى مەن چۈشەنمەيدىكەنمەن بالام.

مىسسىيونېر ئېلوندىرانى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دېدى:

– قىز بەكلا كىچىككەن.

– لېكىن ئۇ مېنىڭ نەۋرەمدە.

– بۇ گېپىڭىز تېخىمۇ قاملاشمىدى،- دېدى مىسسىيونېر رەددىيە بېرىپ،- بوپتۇ، ئۇنى بىز ھامىيلىقىمىزغا ئالايلى، بولمىسا باشقىچە تەدبىر قوللىنىمىز.

ئىشنىڭ بۇ دەرىجىگە يېتىپ بېرىشىنى ئەسلا كۈتمىگەن موماي نائىلاج كەينىگە يېنىشقا مەجبۇر بولۇپ دېدى:

– بوپتۇ، ئۆتمە دېسەڭلەر ئۆتمەي. لېكىن قاراپ تۇرۇڭلار، بۇ سىزىقتىن بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى ئۆتمەي قويمايمەن.

شۇ ئىش بولۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، موماي ئېلوندىرانى ئەگەشتۈرۈپ موناستېرغا يېقىنلا جايدىكى بىر كىچىك بازارنى ماكان تۇتتى. تۈن تەڭ بولغان مەھەلدە بىر نەچچە قارا كۆلەڭگە غىپپىدە چېدىرغا كىردى. كىرگەنلەر بىر- بىرىدىن بەستلىك، ياش ئالتە ئىندىئان ئىدى، ئۇچىسىدىكى قوپال ماتادىن تىكىلگەن كىيىملىرى ئاي نۇرىدا ۋال- ۋۇل پارقىرايىتتى. ئۇلار تىۋىش چىقارماستىن ئېلوندىرانى دەس كۆتەردى- دە، پاشىلىق بىلەن يۆگىدى.

موماي قىزنى قۇتۇلدۇرماقچى بولدى، دەسلىۋىدە قىزىنى بۇلاپ كەتكەنلەرنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش خىيالىغا كەلمىدى. جىمى ھوقوق- مەنپەئەتلىرى دەپسەندە قىلىنغاندا بولسا، يەرلىك دائىرىلەرگە ئەرز قىلىش نىيىتىگە كەلدى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھوقوقى بىر ھەربىينىڭ قولىدا ئىدى. موماي باشلىقنى ئۇدۇل ئۆيىگىلا ئىزدەپ باردى، باشلىق بېلىنىڭ ئۈستى يالىڭاچ ھالەتتە مىلتىق كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇ شۇ تۇرۇقىدا تونوردەك قىزىپ كېتىۋاتقان ئىسسىققا چىدىيالماي، ئاچچىقىدا مىلتىقى بىلەن كۆكتە بىر يەرگە غۇجمەكلىشىۋالغان بۇلۇتلارنى ئېتىپ پارچىلاپ، يامغۇر ياغدۇرماقچى ئىدى. ئۇ موماينى كۆرۈپ قولىدىكى ئىشنى قويدى، موماينىڭ دەردۇ- ھالىنى ئىشىتكەندىن كېيىن دېدى:

– بۇ ئىشقا مېنىڭ چىشىم پاتمايدۇ. رىم پاپاسى بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە بولغاندا، مىسسىيونېرلارنىڭ بۇ قىزنى تاكى بالاغەتكە يەتكۈچە ياكى توي قىلغۇچە قوغداش ھوقۇقى بار.

– ئەمىسە سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز نېمە؟- سورىدى موماي.

– مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز، مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇش،- دېدى بازار باشلىقى.

بۇلۇتلار ئۇنىڭ مىلتىقىنىڭ ئوقى يەتمىگۈدەك جايلارغا سۈرۈلۈپ كەتتى، ئۇ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغان چېغى، مىلتىقىنى تاشلاپ موماي بىلەن رەسمىي پاراڭغا چۈشتى.

– ئۆزىڭىزگە موھىم ئادەمدىن بىرنى كېپىل قىلىڭ،- دېدى ئۇ مومايغا،- شۇ ئادەم سىزنى دىيانەتلىك ئايال، ئەخلاقىدا مەسىلە يوق، دېگەن مەزمۇندا ئىمزا خەت يېزىپ بەرسۇن. سىز كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئو . سانچىسنى تونۇمامسىز؟

قۇياش نۇرى زېمىننى تونۇردەك قىزدۇرۇپ تۇراتتى، موماي ياندا تۇرغان تۆت چاسا ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، يوغان ساغرىسى شۇنچە يوغان ئورۇندۇققا لىقلا كەلگەنىدى. ئۇ جىددىي يوسۇندا جاۋاب بەردى:

– بۇ قاقاسلىقتا تىكەندەك يالغۇز بىر بىچارىمەن.

بازار باشلىقى ئىسسىقتا يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقان ئوڭ كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قويدى- دە، مومايغا ئېچىنىش ئىلىكىدە قاراپ قويۇپ دېدى:

– قىزىڭىزنى ئەكېتىپ بوپتۇ، ئەمدى تولا ۋاقتىمنى ئالماڭ خانىم.

ئەمەلىيەتتە ئېلوندىرانى ئېلىپ كېتىشمىگەنىدى. موماي چېدىرنى موناستېرنىڭ ئالدىغىلا تىكتى. ئۇ گويا قەلئەگە ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇرغان پالۋاندەك، تولىمۇ غېرىبانە بىر ھالدا تەگسىز ئويغا چۆكۈپ ئولتۇراتتى. ئۇنى بىردىنبىر چۈشىنىدىغان كىشى ھېلىقى فوتوگرافلا ئىدى. موماينىڭ شۇنچە پىژغىرىم ئىسسىقتا موناستېردىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغىنىنى كۆرگەن فوتوگراف لاقا- لۇقىلىرىنى ۋېلسىپىتىگە ئارتتى- دە، مېڭىشقا تەمشەلدى.

– قېنى كۆرەرمىز، كىم باشتا ئۆلىدىكىن،- دېدى موماي،- ئۇلار باشتا ئۆلەمدۇ ياكى مەن باشتا ئۆلەمدىم، بىر كۆرۈپ باقاي.

– ئۇلار 300 يىلنىڭ ئالدىدىلا مۇشۇ يەردە بار ئىدى، مانا ھازىرمۇ مۇشۇ يەردە تۇرۇپتۇ،- دېدى فوتوگراف،- مەن كەتتىم.

شۇندىلا ئاندىن موماي نەرسە- كېرەكلەر بېسلىپ مېڭىشقا تەق بولۇپ تۇرغان ۋېلىسىپىتكە كۆزى چۈشتى.

– نەگە ماڭدىڭ؟

– جاھان شۇنچە كەڭرى بولغاندىكىن، پىرقىراپ كېلەيمىكىن دەيمىنا،- فوتوگراف گېپىنى تۈگىتىپلا ۋېلسىپىتىگە مىندى- دە، يولىغا راۋان بولدى.

موماي ئۇھسىنىپ قويۇپ دېدى:

– ھۇ نانقېپى خۇمپەر، ئىش سەن ئويلىغاندەك ئاددىي ئەمەس.

موماي كەينىگە قاراپمۇ قويمىدى، كۆزى يەنىلا ئاشۇ موناستېردا ئىدى. ئىسسىقلىقىدىن كىشىنى تىن ئالغۇزمايدىغان تالاي كۈن، بوران ھۇشقۇيتىپ تۇرغان تالاي تۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى، موماينىڭ كۆزلىرى موناستېرنىڭ دەرۋازىسىدىن بىردەممۇ نېرى بولمىدى، لېكىن موناستېردىن بىرەر ئىنسان چىقىپ قويمىدى. ھېلىقى ئىندىئانلار موماينىڭ چېدىرىغا يۆلەپلا كەپە سالدى، كەپىسىگە ئاسما كارىۋاتلىرىنىمۇ ئاستى. موماي تۈن كېچىگىچىمۇ چېدىرىغا كىرىپ كەتمەي، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان پېتىلا مۈگىدەپ قالاتتى، گاھىدا قىزىنى ئەكەتكەنلەرگە لەنەت ياغدۇرغاچ، يانچۇقىغا سېلىۋالغان گۈرۈچلەرنى يېنىدا ياتقان بۇقىغا تاشلاپمۇ بېرەتتى.

بىر كۈنى قاش قارايغان مەھەلدە، كوزۇپى ھىممىدە يېپىلغان بىر قاتار قارا ماشىنا ئۇنىڭ يېنىدىن غۇييىدە ئۆتۈپ كەتتى، ماشىنىلارنىڭ چوڭ چىرىغى ئۆچۈك، كىچىك چىراغلىرىلا يېنىق ئىدى. موماي ماشىنىلارنى بىر قاراپلا تونۇۋالدى، بۇ ماشىنىلار ئىلگىرى ئامادىس ھەيدىگەن ماشىنا بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى. ئەڭ ئاخىرىدا ماڭغان ماشىنا سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ چىپپىدە توختىدى، كابىنكىدىن بىر ئەر چۈشۈپ، كوزۇپتىكى ماللارنى تۈزەشتۈرۈشكە باشلىدى. بېشىغا كەڭ گىرۋەكلىك شىلەپە، پۇتىغا ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتۈك كىيگەن، ئىككى تىزىق ئوقنى كۆكرىكىدىن يۆگەشتۈرۈپ ئېسىۋالغان، ئۆشنىسىگە مىلتىق ئارتىپ، بىقىنىغا ئىككى تال تاپانچا قىستۇرۇۋالغان بۇ كىشى ئامادىسقا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايىتتى. قارشى تۇرۇپ بولمايدىغان بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان موماي ئەرگە ئېغىز ئاچتى:

– مېنى تونۇمىدىڭما؟

ئەركىشى قولچىراغنى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن موماينىڭ كۆزىگىلا تۇتتى. موماينىڭ سولغۇن چىرايى ئۇيقۇسىزلىق دەستىدىن پۈرۈلۈپ كەتكەن، كۆزلىرى چارچاشتىن يۇمۇلۇپ قالايلا دەپ قالغان بولۇپ، ناھايىتى قېرى كۆرۈنەتتى. موماي شۇ تۇرۇقىدا تولىمۇ ئاۋارە كۆرۈنسىمۇ، چىرايىدىن ياشلىقىدا كىشىنى تاڭ قالدۇرغۇدەك گۈزەللەردىن ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى. ئەر مومايغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن خېلىغىچە قارىدى، تونۇمايدىغانلىقىغا جەزم قىلغاندىن كېيىن قولچىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىپ دېدى:

– ھۆددە قىلالايمەنكى، سىلى سان دىرۇس رىمىتىيۇس ئەمەس.

– دەل ئەكسىچە، مەن شۇ خانىمنىڭ نەق ئۆزى شۇ بولىمەن،- دېدى موماي ئاۋازىنى يېقىملىق چىقىرىپ.

ئەرنىڭ قوللىرى بىئىختىيارلا بېلىدىكى تاپانچىسىغا سوزۇلدى.

– كىمنىڭ خانىمى بولىلا؟!

– كېنەز ئامادىسنىڭ.

– ئەمىسە سىز بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەسكەنسىز. نېمە قىلماقچىسىز؟- سورىدى ئەر جىددىيلىشىپ.

– ماڭا ياردەم قىلىپ، نەۋرەمنى- كېنەز ئامادىسنىڭ نەۋرىسى، كىچىك ئامادىسىمىزنىڭ قىزىنى ئەچىقىپ بەرسىڭىز، ئۇ ھازىر مۇشۇ موناستېردا سولاقلىق ياتىدۇ.

قورقۇنچتىن ئاستا- ئاستا ئۆزىگە كەلگەن ئەر مومايغا دېدى:

– سىز بۇ يەرگە خاتا كەپ قاپسىز. ئەگەر بىزنى تەڭرىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشالايدۇ دەپ قالغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىز دەۋاتقان ھېلىقى خانىم ئەمەس بوپ چىقىسىز، ئامادىسنىڭ دادىسىنى تونۇيدىغىنىڭىزمۇ يالغان بوپ چىقىدۇ. سىزنىڭ ئەتكەسچىلەرنىڭ ئەقەللىي قائىدىلىرىدىنمۇ خەۋىرىڭىز يوقكەن.

بۈگۈن موماي ئادەتتىكىدىنمۇ ئاز ئۇخلىغىنىغا قارىماي، تاڭ سەھەردىلا ئويغىنىپ كەتتى. ئاغزى زارلىنىشتىن ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ بەدىنىگە ئورىۋالغان يۇڭ ئەدىيالنى چۆرۈپ تاشلىدى، بۇ كېچە ئۇنىڭغا جىمى ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇلدۇرغان ئىدى. موماي دېڭىز بويىدىكى گۈزەل يۇرتىنى خىيالىغا كەلتۈرمەسلىك ئۈچۈن قوللىرى بىلەن كۆكرىكىنى چىڭڭىدە بېسىۋالدى. گۈل- گىياھلار بىلەن پۈركەنگەن ئاشۇ ئۆيىدە ئۇ تولىمۇ بەخىتلىك ياشايىتتى. ئۇ ئاشۇ خىياللار بىلەن ئولتۇرۇپ، موناستېر سائىتىنىڭ داڭ ئۇرغىنىنى تۇيۇمايلا قالدى، تاڭ قۇياشىنىڭ شولىسى دەرىزىلەردە نازغىپ ئويناشقا باشلىدى، ھاۋادىن يېڭىلا پىشقان بولكىنىڭ مەززىلىك ھىدى كېلەتتى. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ھاردۇقى چىقىپ قالغاندەك بولدى، «ئېلوندىرا شۇ تاپتا ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ يېنىمغا قېچىپ كېلىشنىڭ كويىدا يۈرگەنمىدۇ» دېگەنلەرنى خىيال قىلدى.

ئىش دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىدى، ئېلوندىرا موناستېرغا ئېلىپ كېلىنگەندىن بېرى كەچلىرى ناھايىتى ياخشى ئۇخلىدى. موناستېردىكىلەر ئۇنىڭ چاچلىرىنى تەكشى قىرقىپ قويدى، ئۇچىسىغا مەھبۇسلار كىيىدىغان ماتا كىيىم كىيدۈردى، قولىغا ھاكتىن ياسالغان چىلەك بىلەن سۈپۈرگە تۇتقۇزۇپ، پەلەمپەيدىن بىر كىم ماڭغان ھامان دەرھال سۈرتۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئىش يېنىك ئەمەس ئىدى، مىسسىيونېرلار بىلەن قارا ئىش قىلىدىغان مۇناخلار ھېلىدىن ھېلىغا پەلەمپەيدە مېڭىپ ئۇنى بىكار قىلمايىتتى. لېكىن، ئىنسان بالىسى چىدىمايدىغان پاھىشىلىكنى بېشىدىن جىق ئۆتكۈزگەن ئېلوندىرا ئۈچۈن بۇ ئىشلار دەم ئالغاننىڭ ئورنىدا ئىدى. يەنە كېلىپ، ھېرىپ- چارچىغىنىدىن كەچكە ئاران ئۇلىشىدىغان يالغۇز ئۇلا ئەمەس ئىدى، چۈنكى بۇ موناستېر يالغۇز جىن- شاياتۇنلار بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ پايانسىز كەتكەن قاقاسلىق بىلەنمۇ كۈرەش قىلاتتى. ئېلوندىرا نۇرغۇن ئىندىئان ئايال مۇرتلىرىنىڭ قانداق ئىشلىگىنىنى كۆرگەن: ئۇلار كالا قوتىنىدا سۈت ساغاتتى؛ ئەتىگەندىن- كەچكىچە تىنىم تاپماي تاختاي ئۈستىگە چىقىۋېلىپ پىشلاق ياسايىتتى؛ تۇغالماي قىينىلىۋاتقان ساغلىقلارنى پەرۋىش قىلاتتى، تېرە ئاشلاش ئىشچىلىرىغا ئوخشاش قارا تەرگە چۆمۈلۈپ، چىلەك- چىلەكلەردە سۇ توشۇپ كۆكتاتلىقلارنى تۈجۈپىلەپ سۇغۇراتتى، بۇ كۆكتاتلىقنى بىر قىسىم ئىندىئان ئايال مۇرتلىرى قاقاسلىقلارنى ئۆزگەرتىپ يۈرۈپ بەرپا قىلغانىدى. ئۇ يەنە زىنداندىن پەرقسىز ھالدىكى بولكا پىشۇرۇش ئوچاقلىرىنى، كىيىمگە دەزمال سېلىش ئۆيلىرىنى كۆرگەن؛ بىر مۇناخنىڭ ھويلىدا ئۈركۈپ كەتكەن بىر چوشقىنى ئۇ بۇلۇڭدىن بۇ بۇلۇڭغا قوغلاپ يۈرگىنىنى، مىڭ بالالىقتا قۇلىقىدىن كاپلا قىلىپ تۇتقاندا، تېيىلىپ كېتىپ پاتقاققا دۈم چۈشكىنىنى، شۇ ھالەتتىمۇ يەنە چوشقىنىڭ قۇلىقىدىن قولىنى قويۇۋەتمىگىنىنى؛ بۇنى كۆرۈپ تۇرغان ئىككى ئىندىئان ئايال مۇرىتىنىڭ خۇرۇم ئېتەكلىك كۆينىكى بىلەن چوشقىنى تورىۋالغانلىقىنى، بىر ئايالنىڭ پىچاق بىلەن چوشقىنىڭ بېشىنى ئۈزۈپ تاشلىغىنىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۈچ ئايالنىڭ پۈتۈن ئەزايىنىڭ قان- پاتقاققا مىلىنىپ كەتكىنىنى كۆرگەن؛ دوختۇرخانىنىڭ ئىچىدىكى ئايرىپ كۆزىتىش ئۆيىدىكى سىل كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان مۇناخلارنىڭ ئاخىرەتلىك كىيىملىرىنى كىيىشىپ، يېڭى توي قىلغانلار ئىشلىتىدىغان كارىۋات كىرلىكلىرىنى توقۇشقاچ، تەڭرىنىڭ ئۆزلىرىنى يېنىغا چاقىرىشىنى كۈتۈپ يېتىشقىنىنى كۆرگەن؛ ئەر مىسسىيونېرلارنىڭ قاقاسلىقنى قاقاسلىق دېمەي دىن تارقاتقىنىنى كۆرگەن ئىدى. ئېلوندىرا ھەر كۈنى تىكەندەك يالغۇز ئىشلىگىنى بىلەن، ئاجايىپ- غارايىپ، كىشى تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان ئىشلارنى ئاستا- ئاستا بايقاپ يېتىشكە باشلىدى. بۇ ئىشلارنى ئۇ ئىلگىرى دوپپامچىلىك كېلىدىغان ئاشۇ دۇنياسىدا خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. موناستېرغا ئېلىپ كېلىنگەننىڭياقى، مەيلى ياۋا مىجەز ئاياللار بولسۇن، ياكى گەپخۇمار مۇناخلار بولسۇن، ئۇنىڭغا بىرلا ئېغىز گەپنى دېمىدى. بىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ چىلەككە ھاك ئۇسسۇۋاتاتتى، بىردىن قۇلىقىغا مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ مۇزىكا گويا قوياش نۇرى كەمدىن كەم چۈشىدىغان بۇ يەرگە يورۇقلۇق ئاتا قىلغاندەك بولدى. بۇ غەلىتىلىككە قىزىقىپ قالغان ئېلوندىرا قەددىنى رۇسلاپ، يوغان بىر زالنى نىشانلاپ ماڭدى، زالنىڭ تېمىغا ھېچنېمە ئېسىلمىغانىدى، ئىيۇل قوياشىنىڭ ئىللىق نۇرلىرى يوغان كەلگەن پەنجىرىلەردىن ئۆتۈپ، زالنىڭ تۆت تېمىنى ئاجايىپ يارقىن بىر تۈسكە كىرگۈزگەنىدى. زالنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا ئۇ تۇغۇلۇپ كۆرۈپ باقمىغان چىرايلىق بىر مۇناخ تىرىلىش بايرىمىنىڭ مۇزىكىسىنى چېلىۋاتاتتى. ئېلوندىرا تاكى چۈشلۈك تاماققا داڭ ئۇرۇلغۇچە پۈتۈن زېھنى بىلەن مۇزىكىغا قۇلاق سالدى. تاماق يېيىلىپ بولۇندى، ئۇ پەلەمپەينى چوتكىلاشنى يەنە داۋام قىلدى. جىمى ئىندىئان ئايال مۇرتلىرىنىڭ ئايىغى بېسىلىپ، ئۆزى يالغۇز قالغاندا: «مەن نېمە دېگەن بەخىتلىك- ھە!» دەۋەتتى، بۇ ئۇنىڭ مۇناستېرغا كەلگەندىن بۇيانقى تۇنجى رەت گەپ قىلىشى ئىدى.

موماينىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرى كۆپۈككە ئايلاندى، ئېلوندىرا مومىسىنىڭ قېشىغا قېچىپ چىقمىدى. لېكىن موماي موناستېرغا يېقىنلىشىشنى ھېلىھەم توختىتىپ قويمىغانىدى، تاكى بېنكېستىس يەكشەنبە كۈنىگىچە ھېچ تەدبىر قوللانمىدى. مۇشۇ كۈنلەردە، ئەر مىىسىيونېرلار جىمى قاقاسلىقنى ئالا قويماي ئاختۇردى، توي قىلماي تۇرۇپ بويىدا قالغان ئاياللارنى تېپىپ، ئۇلارنى ئۆيلۈك- ئوچاقلىق قىلىش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش يۈرۈشتى. ئۇلار كونىراپ كەتكەن بىر قارا ماشىنا بىلەن تولۇق قوراللانغان تۆت خادىم ۋە بىر يوغان مال ساندۇقىنى ئېلىپ تەرەپ- تەرەپكە قاترىدى. ئىندىئانلارنى بويسۇندۇرۇشتا ئەڭ تەسكە توختايدىغىنى ئاياللىرىنى قايىل قىلىش ئىدى. ئۇلار ھەدېسىلا پولاتتەك پاكىتلارنى كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايىتتى؛ ئەر كىشىلەرنىڭ«سەن دېگەن مېنىڭ قانۇنلۇق خوتونۇم، سېنى قانداق قىلغۇم كەلسە شۇنداق قىلىمەن» دەپ، ئاسما كارىۋاتتا پۇتىنى ئالماپ يېتىۋېلىپ، ئۆزلىرىگە ئاشنىسىدىنمۇ بەك زۇلۇم سالىدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلاتتى. ئاشنا بولۇشنى خالىغان ئاشۇ ئاياللار شۇ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ بۇرنىدىن چىقاتتى، مۇشۇنداق قىلىشنىڭ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا يىپىدىن- يىڭنىسىغىچە چۈشەندۈرەتتى، نەتىجىدە ئاياللارمۇ ئاستا- ئاستا قايىل بولاتتى. ئاشۇ ئەرلەرنىڭ ئەكسىچە، ئاياللىرى قوشۇلسىلا مىسسىيونېرلار مىلتىقلىرىنىڭ پاينىكى بىلەن ئۇلارنى ئاسما كارىۋاتلىرىدىن سۆرەپ چۈشكەن پېتى ماشىنىغا باساتتى- دە، ئاشنىلىرى بىلەن مەجبۇرىي تويىنى قىلىپ قوياتتى.

شۇ تەرىقىدە نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، موماي ھامىلدار بوپقالغان ئىندىئان قىزلىرى بىلەن لىق تولغان ماشىنىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي موناستېرغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئولتۇردى، لېكىن موناستېر ئىچىگە كىرىشكە پۇرسەت تاپالمىدى. بۇ پۇرسەت ئۇنىڭغا يەكشەنبە كۈنى ئاران نېسىپ بولدى. ساليوتلار ئېتىلىپ، قوڭغۇراقلىق سائەت داڭ ئۇرۇشى بىلەن تەڭ، نامرات كىشىلەر زوق- شوخ بىلەن بايراملىق مىسا ئوقۇغىلى مېڭىشتى، توپ ئارىسىدىكى ئىككىقات قىزلار گۈلچەمبىرەكلەرنى تاقاپ، ئىلگىرى يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان ئەرلىرىنى قولتۇقلىشىپ، قانۇنلۇق ئوپچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگىلى كېتىشىپ باراتتى.

سەپنىڭ ئەڭ كەينىدە مۇھەببەت سېزىملىرى ئويغىنىشقا تېخى ئۈلگۈرمىگەن، كىيىملىرى جۇلجۇل بىر يىگىت كېتىپ باراتتى، ئىندىئانلارچە چاچ قويۇۋالغان بۇ يىگىتنىڭ بېشى كىشىگە بەئەينى بىر كاۋىنى ئەسلىتەتتى، قولىدا يىپەك چۇچىلىق يوغان شام بار ئىدى. موماي يىگىتنى توختىتىتپ مۇلايىملىق بىلەن سورىدى:

– سەندىن بىر ئىشنى بىلىۋالاي دېگەنتىم بالام، بۇ پائالىيەتتە سەن نېمە ئىشقا مەسئۇل؟

يىگىت بۇ سوئالدىن چۆچۈپ كەتتى، ھەيرانلىقتىن كالاچتەك ئېچىلغان يوغان ئاغزى خېلىغىچە يېپىلمىدى. ئۇ مەڭدىگىنىچە بىردەم تۇرۇپ كېتىپ جاۋاب بەردى:

– پوپ ئاتام ماڭا ئاۋۋال مۇقەددەس غىزاغا ئېغىز تەگكۈزىدۇ.

– ئۇلار ساڭا قانچە پۇل بېرىدۇ؟

– بەش پېسو.

موماي شۇ ئان يانچۇقىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقاردى. يىگىت ھەيرانلىقىدىن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى.

– مەن ساڭا 20 پېسو بېرەي، مۇقەددەس غىزانى يېگىلى بارما، شۇنىڭ بەدىلىگە تويۇڭنى قىلىپ قويايلى.

– توينى كىم بىلەن قىلىمەن؟

– نەۋرەم بىلەن قىلىسەن.

شۇنداق قىلىپ، ئېلوندىرا ئۇچىسىغا مەھبۇسلارنىڭ كىيىمىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ماتا كىيىم كىيىپ، بېشىغا ئىندىئان ئاياللىرى بەرگەن ئۈچبۇرجەك ياغلىقنى ئارتىپ، ئىسمىنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان، مومىسى پۇل بېرىپ سېتىۋالغان ئېرى بىلەن موناستېردا توي قىلدى. قىز قەلبىنى ئىگىلىگەن غۇۋا بىر ئىنتىزارلىق ئىلىكىدە يەرگە تىزلاندى، ھاك تېشىنىڭ ئېچىشتۇرۇشلىرىغا، 200 ھامىلدار قىزنىڭ تېنىدىن كېلىۋاتقان سېسىق ھاراق پۇرىقىغا، ئوتتەك قىزىق ئاپتاپتا ئولتۇرۇپ ئېپىستۇرا، سان پابلونىڭ لاتىنچە مۇناجاتلىرىنى ئوقۇش جازالىرىغا چىدىدى. چۈنكى مىسسىيونېرلار بۇ كۈتۈلمىگەن تويغا قارشى تۇرۇشقا باشقا چارە تاپالماي قالغانىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېلوندىرانى موناستېردا ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن قىلمىغانلىرى قالمىدى. توي تۈگىگەندە، كىشىلەر مىلتىق بىلەن بۇلۇتلارنى تارقىتىۋەتمەكچى بولغان ھېلىقى ھەربىي بازار باشلىقى پۇل بېرىپ سېتىۋېلىنغان يىگىت ۋە شەپقەتسىز مومىسىنىڭ ئالدىدا نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان قىزدىن ئۆزىنىڭ قانداق قارارى بارلىقىنى سوراشتى. قىز ئارتۇقچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا جاۋاب بەردى:

– مېنىڭ كەتكۈم بار،- قىز مومىسىنى ئىما قىلىپ دېدى،- ئۇنىڭ بىلەن ئەمەس، مومام بىلەن كېتىمەن.

شۇنداق قىلىپ، ئېلوندىرا مومىسىنىڭ ئىپلاس چاڭگىلىغا يەنە چۈشتى، بۇ ئىپلاس چاڭگال ئۇنى تۇغۇلغىنىدىن تارتىپ ئۆز ئىسكەنجىسىدە تۇتۇپ كېلىۋاتاتتى.

ئۇلىسېسنىڭ باغدىن بىر تال ئاپېلىسىن ئوغرىلاپ قويۇشى سەۋەبلىك، چۈشتىن كېيىنكى ئىش سۇغا چىلاشتى. دادىسى قۇرت چۈشكەن ئاپېلىسىن شاخلىرىنى قىرقىغاچ ، دەرەخ ئۈستىدىن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇۋالدى، ئاپىسىمۇ ئۆيدە تۇرۇپ ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىگە كۆز- قۇلاق بولۇپ تۇردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى، ھېچبولمىغاندىمۇ بۈگۈن بولمايىتتى. ئۇ تولىمۇ روھسىز بىر قىياپەتتە دادىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاپېلىسىنلارنى قىرقىشىغا ھە- ھۇ دېيىشتى.

باغ تىمتاسلىققا چۆمگەن، ياغاچ ئۆينىڭ دەرىزىلىرىنىڭ ئەينەكلىرىدە يالت- يۇلت نۇر چاقنايىتتى. گۈللۈكتە گۈل- گىياھلار بولۇق ئۆسكەن، ئۇلىسېسنىڭ ئاپىسى ئاشۇ گۈللۈكتىكى ئىلەڭگۈچتە ئولتۇراتتى. چىڭقىلىپ ئارام بەرمەيۋاتقان بېشىنىڭ ئاغرىقىغا ئارام بولارمىكىن دەپ چېكىسىگە ئىككى تال ھۆل يوپۇرماق چاپلىۋالغانىدى. ئاپىسىنىڭ ساپ ئىندىئانلارغا خاس ئۆتكۈر كۆزلىرى ئوغلىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىدىن نېرى بولمايىتتى. ئۇ ئاجايىپ چىرايلىق ئايال ئىدى، يېشى ئېرىنىڭكىدىن خېلىلا كىچىك ئىدى. ئۇ ئۆز قەبىلىسىنىڭ كىيىملىرىنى ئۇچىسىدىن زىنھار چۈشۈرمىدى، ئۆز قەبىلىسىنىڭ بەزى كونا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىدى .

ئۇلىسېس شاخ چاتاش سايمانلىرىنى ئېلىپ ئۆيگە كىرىۋاتقاندا، ئاپىسى ئۇنىڭغا دورىسىنى ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ئۇ دورىنى ياندىكى چاققانغىنە كەلگەن ئۈستەلگە قويۇپ، ئاپىسىغا سۇ قۇيۇپ بېرىش ئۈچۈن ماڭدى، ئۇ قولىنى شۇنداقلا ئۇزىتىشىغا ئىستاكان بىلەن سۇ بوتولكىسىنىڭ رەڭگى بىردىن ئۆزگىرىپ كەتتى. ھەيران بولغان ئۇلىسېس ئىستاكاننىڭ يېنىدىكى يەنە بىر يوغان ئەينەك بوتولكىنى ئەتەي تۇتۇپ كۆرۈۋېدى، ئۇ بوتولكىمۇ كۆك رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى. دورىسىنى ئىچىپ ئولتۇرغان ئاپىسى بۇ ھالنى كۆرۈپ قالدى، بۇنىڭ ئۆزىدىكى خاتا سېزىم ئەمەسلىكىگە ئىشىنىپ، گۇجرا تىلىدا سورىدى:

– قاچاندىن بېرى بۇنداق بولۇپ قالدىڭ؟

– قاقاسلىقتىن يېنىپ كەلگەندىن بېرى،- ئۇلىسېسمۇ گۇجرا تىلىدا جاۋاب بەردى،- ئەينەكتىن ياسالغان نەرسىلەرنى تۇتساملا مۇشۇنداق بولۇپ قالىدۇ.

ئۇ گېپىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۈستەلدىكى ئىستاكانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر- بىرلەپ تۇتۇپ كۆردى، دېگەندەك ئىستاكانلارنىڭ رەڭگى ھەر خىل رەڭلەرگە ئۆزگىرىپ كەتتى.

– كىشى مۇھەببەت تورىغا ئىلىنىپ قالغاندا ئاشۇنداق بولۇپ قالىدۇ،- سورىدى ئاپىسى ئۇلاپلا،- قايسى قىز ئۇ؟

ئۇلىسېس زۇۋان سۈرمىدى. دادىسى گۇجرا تىلىنى بىلمەيىتتى، ئاپېلىسىن كۆتۈرۈپ گۈللۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان دادىسى گوللاند تىلىدا ئۇلىسېستىن سورىدى:

– نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر؟

– ئادەتتىكى پاراڭ،- جاۋاب بەردى ئۇلىسېس.

ئاپىسىمۇ گوللاند تىلىنى بىلمىگەچكە، ئېرى ئۆيگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن گۇجرا تىلىدا ئۇلىسېستىن سورىدى:

– داداڭ نېمە دەيدۇ؟

– ھېچنېمە،- دېدى ئۇلىسېس.

دادىسى ئۇدۇل ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى. ئاپىسى ئىككىسى يالغۇز قالغاندا ئۇلىسېستىن سورىدى:

– ئېيتە، ئۇ قىز كىم؟

– ھېچكىم،- دېدى ئۇلىسېس.

ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس- يادى دادىسىدا بولغاچقا، خوشياقمىغاندەكلا جاۋاب بەردى. بايا ئۇ دەرىزىدىن دادىسىنىڭ ئاپېلىسىنلارنى چامادانغا قاچىلاپ بەلگە سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانىدى. ئۇ دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭمۇ ئۆزىگە كۆز- قۇلاق بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇراتتى.

– ئۇزۇن بولدى، بولكا يېمەيدىغان بوپ قالدىڭغۇ؟- سورىدى ئاپىسى.

– يېگۈم كەلمىسە.

بۇ گەپتىن چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئاپىسى زەردە بىلەن دېدى:

– تولا يالغان سۆزلىمە! قىز بالىنىڭ دەردىدە شۇنداق بوپ قالدىڭ سەن. ئادەم شۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەندە بولكا يېمەيدىغان بوپ قالىدۇ،- ئاپىسى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى:

– دېگىنە، ئۇ زادى كىم؟ بولمىسا ئەدىپىڭنى يەيسەن.

دادىسى ئاپېلىسىنلارنى چامادانغا قاچىلاپ بولۇپ، ئىشخانىسىنىڭ تۆمۈر ئىشىكىنى قۇلۇپلاپ يېنىپ چىقتى. ئۇلىسېس دېرىزىنىڭ يېنىدىن يېنىپ كېلىپ، ئاپىسىغا زەردە بىلەن دېدى:

– ھەممىنى دېدىمغۇ، ئەمدى ئىشەنمىسەڭ، بېرىپ دادامدىن سورا.

دادىسى قولتۇقىغا تىكىشلىرى سۆكۈلۈپ كەتكەن ھېلىقى قىستۇرۇپ، دېڭىزچىلار كۆپ ئىشلىتىدىغان غاڭزىسىدىن ئىس چىقارغىنىچە ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەلدى.

– قاقاسلىقتىن ئۆتكۈچە بىرەرسى ئۇچرىغانمىدى؟

– ئۇنداق ئىش يوق،- چۈشىنىكسىزلا جاۋاب بەردى دادىسى،- دېگەنلىرىمگە ئىشەنمىسەڭ، ئۇلىسېستىن سوراپ باق.

دادىسى كارىدوردا ئولتۇرۇپ تاماكىسىنى چېكىپ تۈگەتتى، ئاندىن ئىنجىلنى ئاچتى- دە، گوللاند تىلىدا ئاۋازىنى جاراڭلىق چىقىرىپ ئىككى سائەتكە يېقىن ئىنجىل ئوقۇدى.

يېرىم كېچە، ئۇلىسېس ئېلوندىرانى تولا ئويلاپ خېلىغىچە كۆزىگە ئۇيقۇ بارمىدى، ئاسما كارىۋاتتا ھېلى ئۇياققا- ھېلى بۇياققا ئۆرۈلۈپ بىرەر سائەتتىن ئارتۇقراق قىينالدى. ئۇ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزمايۋاتقان ئاشۇ ئازابلىق ئەسلىمىلەرگە ھالاقىت بەرمەكچى بولاتتى- يۇ، بۇ ئازابلار بېرىپ- بېرىپ يەنە ئۇنى ۋەسۋەسىگە سالاتتى. ئۇ كارىۋاتتىن ئىرغىپ چۈشۈپ پادىچىلار ئىشتىنى، چاقماق كۆينىكى ۋە ئۆتۈكىنى كىيدى، ئاندىن دەرىزىدىن سەكرەپلا چۈشتى- دە، قۇش توشۇيدىغان ھېلىقى كىچىك قارا ماشىنىنى ھەيدىگەن پېتى ھويلىدىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى. ئاپېلىسىنلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تازا مەي باغلاپ پىشقان ئاپېلىسىندىن ئۈچ تال ئۈزۈۋالدى، بۇ ئۇ چۈشتىن كېيىندىن بېرى ئوغرىلايمەن دەپ ئوغرىلىيالمىغان ئاپېلىسىن ئىدى.

ئۇ كېچىچە ماشىنىسىنى ئاشۇ قاقاسلىقتا مەقسەتسىز چاپتۇرۇپ يۈردى. تاڭ يورۇغاندىن كېيىن، بازارمۇ بازار، ھويلىمۇ ھويلا ئېلوندىرانىڭ دېرىكىنى قىلدى، لېكىن ھېچكىمدىن تۈزۈك جاۋاب ئالالمىدى. ئاخىر ئۇ كىشىلەردىن ئېلوندىرانىڭ پالاتا ئەزاسى ئو . سانچىسنىڭ سايلام تەشكىلاتىغا ئەگىشىپ كېتىپ قالغانلىقىنى، بۇ چاغقا پالاتا ئەزالىرىنىڭ يېڭى كاستىيا بازىرىغا بېرىپ بولغانلىقىنى ئۇقتى. ئۇلىسېس ئۇلارنى ئۇ يەردىنمۇ تاپالمىدى، نېرىسىدىكى بازارغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇلارغا يېتىشىۋالدى. لېكىن، ئېلوندىرا پالاتا ئەزالىرىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى، چۈنكى مومىسى پالاتا ئەزاسىنىڭ «بۇ، دىيانەتلىك ئايال» دېگەن مەزمۇندا ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەرگەن خېتىگە ئېرىشكەنىدى، مۇشۇ خەت بولسىلا ئۇ قاقاسلىقتا ئوقىتىنى ھېچقانداق دەخلىسىز، بىمالال يۈرۈشتۈرەلەيىتتى. ئۇلىسېس ئۈچىنچى كۈنى ھېلىقى پوچتالىيوننى ئۇچرىتىپ قالدى ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئېلوندىرانىڭ دېرىكىنى بىلدى:

– ئۇلار دېڭىز بويىدىكى جايلارغا بارماقچى، تېزراق ماڭساڭ يېتىشىۋالالايسەن، ئۇ دەللە خىيالىدا دېڭىزدىن ئۆتۈپ ئارۇۋا ئارىلىغا بارماقچى.

ئۇلىسىېس پوچتالىيون كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ ماشىنا بىلەن ساق يېرىم كۈن چاپتى، نىھايەت، كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن ھېلىقى يوغان چېدىر يىراقتىن ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقتى، بۇ چېدىرنى ئېلوندىرانىڭ مومىسى ۋەيران بولغان بىر سېرىك ئۆمىكىدىن سېتىۋالغانىدى. ھېلىقى سەييارە فوتوگرافمۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەنىدى، ئۇ دۇنيانىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەسلىكىگە چىنپۈتكەنىدى. ئۇ دېكوراتسىيە لاتىسىنى چېدىرنىڭ يېنىغا جايلاشتۇرغانىدى. سازەندىلەر مۇڭلۇق ۋالىس مۇزىكىسى چېلىپ، ئېلوندىرا ئۈچۈن خېرىدار چاقىرىشماقتا ئىدى.

ئۇلىسېسنىڭ چېدىرغا كىرىپ تۇنجى كۆزىگە چېلىققىنى چېدىرنىڭ چىنىدەك پاكىزلىقى بولدى. موماينىڭ ھېلىقى كارىۋىتى گۇبىرناتۇر خانىمىنىڭ ھەشەمەتلىك كارىۋىتىدەك سۆلىتىنى يوقاتمىغانىدى، پەرىشتىنىڭ ھەيكىلى ئاتا- بالا ئامادىسنىڭ جەسەت كۈلى ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇلغانىدى، بۇنىڭدىن باشقا، چېدىرنىڭ ئىچىدە يەنە ئاليومىندىن ياسالغان شىر پۇتلۇق يۇيۇنۇش دېسىمۇ بار ئىدى. ئېلوندىرا ئانىدىن تۇغما ھالەتتە يېڭى كارىۋىتىدا كۆزى ئوچۇق جىممىدە ئۇخلاۋاتاتتى. بىر دەستە نۇر چېدىر ئۈستىدىن ئۆي ئىچىگە چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇلىسېس ئاپېلىسىننى چىقىرىپ كارىۋاتنىڭ يېنىغا كەلدى، ئېلوندىرانىڭ قىمىر قىلماي ياتقىنىنى كۆرۈپ، قولىنى قىزنىڭ يۈزىگە يېقىن ئەكېلىپ، ئۆزى قويۇۋالغان ئىسىم بىلەن قىزنى چاقىردى:

– ئالدىنېر!

– ئېلوندىرا ئىتتىك كۆزىنى ئاچتى، ئاچتى- يۇ، ئۆزىنىڭ ئۇلىسېسنىڭ كۆز ئالدىدا قىپيالىڭاچ ياتقىنىنى سېزىپ، قورققىنىدىن«ۋاي ئانامەي!» دەپ ۋارقىرىغىنىچە كارىۋات كىرلىكىنى تارتىپ ئېلىپلا بېشىغىچە پۈركۈنۈۋالدى.

– ماڭا قارىماڭ، مەن بەك قورقۇنچلۇق،- دېدى قىز.

– تېرىڭىزنىڭ رەڭگى ماۋۇ ئاپېلىسىننىڭ رەڭگىگە ئوخشايدىكەن،- ئۇلىسېس شۇنداق دېگەچ قولىدىكى ئاپېلىسىننى ئۇنىڭ كۆزىگە يېقىن ئەكەلدى.

ئېلوندىرا كارىۋات كىرلىكىنىڭ ئارىچىدىن ئاپېلىسىننى كۆرۈپ، تېرىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئاپېلىسىننىڭ رەڭگىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

– بۇ يەردە تۇرۇۋالسىڭىز بولمايدۇ، چىقىپ كېتىڭ،- دېدى ئېلوندىرا.

– مەن سىزگە ئاتايىن مۇشۇنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كىردىم، قاراڭ بۇنىڭغا.

ئۇلىسېس ئاۋۋال تىرنىقى بىلەن ئاپېلىسىننىڭ شۆپۈكىنى سويدى، ئاندىن ئاپېلىسىننى ئىككى پارچە قىلىپ، ئىچىگە پاتۇرۇپ قويۇلغان ئالماسنى ئېلوندىراغا كۆرسەتتى.

– مانا بۇ بىز چېگراغا ئاپىرىدىغان ئاپېلىسىن شۇ.

– لېكىن ماۋۇ ئاپېلىسىننىڭ شۆپۈكى سويۇلماپتىغۇ!- سورىدى ئېلوندىرا ھەيرانلىق ئىلىكىدە.

– ئەلۋەتتە، بۇنى دادام ئۆز قولى بىلەن ئۆستۈرگەن،- دېدى ئۇلىسېس كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.

بۇنىڭغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەن ئېلوندىرا بېشىنى كىرلىكتىن چىقاردى- دە، ئالماسنى قولىغا ئېلىپ قىزىقسىنىپ قاراپ كەتتى.

– مۇشۇنىڭدىن ئۈچ تاللا بولسا، پۈتۈن جاھاننى بىر ئايلىنىپ چىقالايمىز،- دېدى ئۇلىسېس.

ئېلوندىرا ئۈمىدسىزلىك ئىلىكىدە ئالماسنى ئۇلىسېسقا سۇندى، ئۇلىسېس يەنە قىزغا ئىتتەردى.

– يەنە بىر قارا ماشىنىمۇ ھەيدەپ كەلدىم تېخى،- دېدى ئۇ،- ئۇنىڭدىن باشقا يەنە . . . قاراڭ ماۋۇنىڭغا.

ئۇلىسېس قوينىدىن كونا تىپتىكى بىر تاپانچىنى چىقاردى.

– 10 يىل توشمىغۇچە بۇ يەردىن كېتەلمەيمەن،- دېدى ئېلوندىرا.

– كەتمىسىڭىز بولمايدۇ،- دېدى ئۇلىسېس،- ئاۋۇ ئاق كىت ئۇيقۇغا كەتكەندە، سىزنى تالادا ساقلايمەن، مۈشۈكياپىلاقنى دوراپ سىزگە بەلگە بېرىمەن.

ئۇ مۈشۈكياپىلاقنى دورىۋېدى، ئاۋازى بەكلا ئوخشاپ كەتتى. ئېلوندىرا ۋىلىققىدە كۈلۈپ تاشلىدى.

– مومامنى دەۋاتامسىز!

– مۈشۈكياپىلاق!

– كىت.

ئىككىيلەن ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى، ئېلوندىرا كۈلكىدىن دەررۇ ئۆزىنى توختىتىپ دېدى:

– مومامنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي ھېچنەگە كېتەلمەيمەن.

– ئۇنىڭغا دېمىسىڭىزلا بولمىدىمۇ.

– ھەر قانچە قىلغىنىمىز بىلەنمۇ ئۇ بىلىپ قالىدۇ،- دېدى ئېلوندىرا،- بۇ ئىشلار ئۇنىڭ چۈشىدە ئايان بولىدۇ.

– سىز ئۇنىڭ چۈشىگە كىرىپ بولغۇچە بىز چېگرىدىنمۇ چىقىپ بولىمىز. بىز ئەتكەسچىلەرگە ئوخشاش چېگرىدىن ئۆتۈپ كېتىمىز . . .- دېدى ئۇلىسېس.

ئۇلىسېس كىنولاردىكى قەھرىمانلارنى دوراپ، تاپانچسىنى چەنلەپ ئوق چىققاندەك بىر ئاۋازنى دورىدى، ئۇ ئۆزىنى ئەنە شۇنداق قورقماس كۆرسىتىپ، ئېلوندىراغا مەدەت بەرمەكچى ئىدى. ئېلوندىرا زۇۋان سۈرمىدى، ئەمما كۆزلىرىدىن بىر خىل ئۈمىد ئۇچقۇنى چاچرىدى. قىز ئۇلىسېسنى چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ خوشلاشتى. ھاياجانغا چۆمگەن ئۇلىسېس پەس ئاۋازدا دېدى:

– ئەتە پاراخوتتا مۇشۇنداق سۆيۈشەيلى جۇمۇ!

شۇ كۈنى كەچ، سائەت 7 دىن ئاشقان چاغ، ئېلوندىرا مومىسىنىڭ چېچىنى تاراۋاتقاندا، ئۆزىنى بەخىتسىزلىككە دۇچار قىلغان ھېلىقى تەلۋە بوران يەنە چىقتى. مال توشۇغۇچى ئىندىئانلار بىلەن سازچىلار ئىش ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر چەتتە ساقلاپ تۇراتتى. موماي يېنىدىكى كورۇپكىغا چۈشكەن پۇللارنى ساناپ بولۇپ، ھېسابات دەپتىرىگە خاتىرىلىدى، ئاندىن ئىندىئانلارنىڭ باشلىقىغا پۇلنى ئۇزىتىۋېتىپ دېدى:

– مانا ئالە، ھەپتىلىك ئىش ھەققىڭ 20 پىسو، بۇنىڭدىن تاماق پۇلى 8 پىسو، سۇ پۇلى 3 پىسو، يېڭى كۆينەكنىڭ ئۇپراش ھەققى ئۈچۈن يەنە يېرىم پېسونى چىقىرىۋەتكەندە، قولۇڭغا تېگىدىغىنى 8 يېرىم پىسو بولىدىكەن، ئوبدان سانىۋال.

– ئىندىئانلارنىڭ باشلىقى پۇلنى ساناپ بولۇپ: «رەھمەت سىزگە، ئاق تەنلىك خانىم»دېدى، ئاندىن قالغان ھەمراھلىرى بىلەن بىللە تازىم قىلىۋېتىپ چىقىپ كېتىشتى.

ئارقىدىن سازەندىلەر موماينىڭ ئالدىغا كەلدى. موماي ھېسابات دەپتىرىگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈۋېتىپ، كەينىگە شاققىدە بۇرۇلۇپ فوتوگرافقا قارىدى، فوتوگراف ھەدەپ شىلىمدا سۈرەت تارتىش ئاپپاراتىنىڭ نۇر توسۇش لاتىسىنى چاپلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى.

– قانداق، مۇزىكا ھەققىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىمىنىغۇ سەن چىقىرارسەن؟- دېدى موماي فوتوگرافقا.

فوتوگراف بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن جاۋاب بەردى:

– مۇزىكا بىلەن رەسىمگە چۈشكىلى بولمىسا- يە.

– ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، مۇزىكا خەقلەرنىڭ رەسىمگە چۈشۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ- دە،- دېدى موماي رەددىيە بېرىپ.

– دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە،- دېدى فوتوگراف،- مۇزىكا سۈرەتكە چۈشىدىغانلارغا ئۆلۈپ كەتكەن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى ئەسلىتىپ قويىدۇ، شۇڭا رەسىمگە كۆزى يۇمۇق چۈشۈپ قالىدۇ.

سازەندىلەرنىڭ باشلىقى گەپنى بۆلدى:

– مۇزىكا قانداقسىگە كىشىلەرنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ قويالىسۇن، كېچىدە سۈرەتكە چۈشكەندە ئاپپاراتنىڭ نۇر چىقىرىش چىرىغى ئادەمنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ قويىدۇ.

– ئۇنداق ئەمەس، كۆزنىڭ يۇمۇلۇپ قېلىشىغا مۇزىكا سەۋەب بولىدۇ،- دېدى فوتوگرافمۇ بوش كەلمەي.

موماي ئىككىيلەننىڭ تالاش- تارتىشىنى بېسىقتۇرۇپ، فوتوگرافقا دېدى:

– ئۇنچىلىك چىڭلىق قىلىپ كەتمە، پالاتا ئەزاسى ئو . سانچىسنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئۇنتۇپ قالما. ھېلىمۇ ئۇنىڭ مۇشۇ سازەندىلەرنى باشلاپ كەلگىنى،- دېدى ئۇ قەتئىي تەلەپپۇزدا،- يا پۇلنى تۆلە، يا بولمىسا يېنىمىزدىن نېرى كەت. بۇنچىۋالا چىقىمنىڭ ھەممىسىنى بىچار ئېلوندىراغىلا ئارتىپ قويساڭ قانداق بولىدۇ.

– كەتسەم كەتتىم،- دېدى فوتوگراف،- نېمە دېسىڭىز مەيلى، ئىشقىلىپ مەن دېگەن بىر سەنئەتكار.

موماي مۈرىسىنى چىقىرىپ قويۇپ كەينىگە بۇرۇلدى- دە، ھېسابات دەپتىرىدىكى سان- سىفىرلار بويىچە سازەندىلەرنىڭ باشلىقىغا بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزدى:

– 254 مۇزىكا چېلىپسىلەر، بىر مۇزىكا يېرىم پىسو، ئۇنىڭغا يەنە يەكشەنبە ۋە بازار كۈنىدىكى 32 مۇزىكىنى قوشساق، ھەر بىر مۇزىكا 60 سېنت بولىدىكەن، شۇنداق بولغاندا جەمئىي 165.2 پىسو بولىدىكەن.

سازەندىلەر باشلىقى پۇلنى ئېلىۋېتىپ دېدى:

– 182.4 پىسو بولسا توغرا بولاتتى، ۋالىس مۇزىكىسىنىڭ باھاسى سەل قىممەت ئىدى.

– نېمىشقا ئەمدى؟

– چۈنكى، ۋالىس مۇزىكىسى بەك ھەسرەتلىك.

موماي ئۇنى مۇشۇ پۇلغا رازى قىلماقچى بولغاندەك:

– ئەمىسە بۇ ھەپتە جۇشقۇنراق مۇزىكىلارنى چالغىن، شۇنىڭ بىلەن تۈگەشكەن بولايلى،- دېدى.

سازەندىلەرنىڭ باشلىقى موماينىڭ قانداق ھېسابلغىنىنى چۈشىنەلمىدى، شۇنداقتىمۇ كاللىسىدا ھېساب سوققاچ پۇلنى ئالدى. تۇرۇپلا كىشىنى قورقۇنچقا سالىدىغان تەلۋە بوران قۇتراپ چېدىرنى ئۇچۇرتۇپ كەتكىلى تاس قالدى. بوران توختاپ ئەتراپ سەل جىمىققاندا، مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئۈزۈپ- ئۈزۈپ ھۇۋلىغان سۈرلۈك ئاۋازى ئاڭلاندى.

ئېلوندىرا چاندۇرۇپ قويارمەنمۇ دەپ تەمتىرەپ كەتتى. ئۇ غەللە ساندۇقىنى ئوبدان قۇلۇپلاپ كارىۋاتنىڭ ئاستىغا تىقتى. ئاچقۇچنى مومىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىۋاتقاندا، مومىسى ئۇنىڭ قولىنىڭ تىتىرەۋەتقانلىقىنى سېزىپ قالدى:

– قورقما، كېچىسى شامال چىقسىلا مۈشۈكياپىلاقلار ئاۋۇپ قالىدۇ.

موماي شۇنداق دېگىنى بىلەن، فوتوگرافنىڭ لاقا- لۇقىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىچىگە سەل قورقۇنچ كىرىۋالغانىدى.

– يا بولمىسا، ئەتە تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ماڭغىن. بۈگۈن كېچىدە ئەزرائىل قۇترايدۇ،- دېدى موماي فوتوگرافقا.

مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئاۋازىنى فوتوگرافمۇ ئاڭلىدى، ئەمما ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى.

– ئوبدان بالام ، مەن ساڭا ئامراق،- دېدى يەنە موماي.

– ئەمىسە مۇزىكا ھەققىنى تاپشۇرمىساممۇ بولار،- دېدى فوتوگراف.

– ياق، ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ.

– قارىڭە مانا، سىز ھېچكىمنى ياخشى كۆرمەيسىز.

– ۋاي يوقىلە كۆزۈمدىن، ھاراملىق!

موماي كۆڭلى ئازار يېگەندەك تۇيغۇدا بولدى، ئېلوندىرا يۆلەشتۈرۈپ كارىۋىتىغا ياتقۇزۇپ بولغۇچە فوتوگرافنى:«ھۇ ئىتنىڭ بالىسى، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغان دەلتە»دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ خېلىغىچە تىللىدى. ئېلوندىرانىڭ مومىسىنىڭ گەپلىرىگە پەرۋا قىلغۇدەك رەۋىتى يوق ئىدى، بوران جىمىققاننىڭياقى ئۇلىسېس مۈشۈكياپىلاقنى دوراپ ئۇنىڭغا نەچچە رەت بەلگە بەردى، لېكىن ئۇ يەنىلا بىر قارارغا كېلەلمەي دېلغۇل بولۇپ تۇراتتى. موماي كارىۋىتىدا ياتقاندىن كېيىن ئادىتى بويىچە ئېلوندىراغا ئۆزىنى يەلپۈتتى. موماي تۈگىمەس تاپشۇرۇقلىرىنى جېكىلەشكە باشلىدى:

– ئەتە بالدۇرراق تۇرغىن، خېرىدارلار كېلىپ بولغۇچە ماڭا يۇيۇنغىلى سۇ ئىسسىتىپ قويغىن.

– بولىدۇ موما.

– ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئىندىئانلارنىڭ مەينەت كىيىملىرىنى يۇيۇۋەتكىن، مۇشۇنداق قىلساڭ، كېلەر ھەپتە ئۇلاردىن جىراق پۇل تۇتۇپ قالالايمىز.

– بولىدۇ موما.

– ئوبدان ئۇخلىۋالغىن، ئۆزۈڭنى چارچىتىپ قويما. چۈنكى ئەتە كۈنگە پەيشەنبە، مۇشۇ ھەپتىدىكى ئەڭ ئۇزۇن كۈن.

– بولىدۇ موما.

– تۆگىقۇشقا ئازراق يەم سېلىپ بەرگىن.

– بولىدۇ موما.

قىز يەلپۈگۈچنى كارىۋات بېشىغا قويۇپ، جەسەت ساندۇقىنىڭ ئالدىغا شامدىن ئىككىنى ياندۇرۇپ قويدى. مومىسى ئاللىقاچان ئۇيقۇغا كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇيرۇق سوقۇشتىن ھېچ توختاي دېمەيىتتى.

– بوۋاڭ بىلەن داداڭ ئۈچۈن شام يېقىپ قويۇشنى ئۇنتۇما.

– بولىدۇ موما.

ئېلوندىرا مومىسىنىڭ ئەمدى ئويغانمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، چۈنكى مومىسى جۆيلۈشكە باشلىغانىدى. تالادا تەلۋە بوران قۇترىماقتا ئىدى، لېكىن ئېلوندىرا بۇ ئاپەتلىك بوراننىڭ بۇ قېتىممۇ ئۆزىگە بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمىدى. ئۇنىڭ ئەركىنلىككە بولغان كۈچلۈك ئىستىكى مومىسىنىڭ قاغىشلىرىدىن غالىپ كەلدى. يىراقتىن مۈشۈكياپىلاقنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى.

قىز چېدىردىن چىقىپ بەش قەدەم ماڭار- ماڭمايلا فوتوگراف بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى، فوتوگراف ۋېلسىپىتىگە ھەدەپ لاقا- لۇقىلىرىنى تېڭىۋاتاتتى، ئۇنىڭ توغرا قىلدىڭ دېگەندەك كۈلۈمسىرەشلىرى قىزنىڭ كۆڭلىنى خېلى ئارام تاپقۇزدى.

– مېنىڭ ھېچنېمىدىن خەۋىرىم يوق،- دېدى فوتوگراف،- ھېچنېمىنىمۇ كۆرمىدىم، مۇزىكا ھەققىنىمۇ ھەم تۆلىمەيمەن.

ئېلوندىرا بەخت تىلىگەندەك بىر تەرزدە قولىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ فوتوگراف بىلەن خوشلاشتى. ئاندىن كەڭ دالىنى نىشانلاپ ماڭدى، ئۇ مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئاۋازى چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭسا خاتالاشمايدىغانلىقىغا جەزىم قىلدى- دە، يۈگۈرگىنىچە قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سىڭىپ كەتتى.

مومىسى بۇ ئىشنى يەرلىك دائىرىلەرگە مەلۇم قىلدى. موماي پالاتا ئەزاسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەرگەن خېتىنى ھېلىقى ھەربىي بازار باشلىقىنىڭ كۆز ئالدىدا پۇلاڭلىتىۋېدى، بازار باشلىقى ئاسما كارىۋىتىدىن دىرىڭڭىدە سەكرەپ چۈشتى. ئۇلىسېسنىڭ دادىسىمۇ ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى.

– ئاناڭنى، مەن يا خەت تونۇمىسام،- ۋارقىرىدى بازار باشلىقى.

– بۇ پالاتا ئەزاسى ئو . سانچىسنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتى،- دېدى موماي.

بازار باشلىقى ئارتۇقچە گەپ قىلمايلا ئاسما كارىۋاتنىڭ يېنىغا تىكلەپ قويغان مىلتىقىنى ئالدى- دە، قول ئاستىدىكىلەرگە يىغىلىشقا بۇيرۇق بەردى. ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، ھەممە كىشى بىر كىچىك مىنىبوسقا چىقىپ، چىگرا تەرەپنى نىشانلاپ يۈرۈپ كەتتى. بوران قاچقۇنلارنىڭ قەدەم ئىزلىرىنى پاكپاكىز ئۆچۈرۈۋەتكەنىدى. بازار باشلىقى شوپۇرنىڭ يېنىدا، ئارقا رەتتىكى ئورۇندا ئۇلىسېسنىڭ دادىسى بىلەن ئېلوندىرانىڭ مومىسى ئولتۇراتتى، قالغان ئورۇنلاردا تولۇق قوراللانغان ژاندارمىلار ئولتۇرۇشاتتى.

بىر كەنت بازىرىنىڭ يېنىدا يامغۇر ئۆتمەس پالاز بىلەن مەھكەم چۈمكەلگەن ئۇزۇن بىر رەت قارا ماشىنىلار توختاغلىق ئىدى، كوزۇپقا مۆكۈشىۋالغان كىشىلەر پالازنى قايرىپ پىلىموت ۋە مىلتىقلىرى بىلەن مىنبوسنى قارىغا ئېلىشتى. بازار باشلىقى بىرىنچى قارا ماشىنىنىڭ شوپۇرىدىن قۇش بېسىلغان بىر قارا ماشىنىنى كۆرگەن- كۆرمىگەنلىكىنى سورىدى.

شوپۇر ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ جاۋاب بەردى:

– بىز ئەسكى ئادەملەر ئەمەس، ئەتكەسچىلەر.

ئۆزلىرىگە قارىتىپ قويۇلغان قوراللارنىڭ قاپقارا ئىستىۋۇلىنى كۆرگەن بازار باشلىقى قولىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ ۋارقىرىدى:

– ھەر نېمە بولسا كۈپكۈندۈزدە ھەرىكەت قىلىشتىن خىجىل بوپسىلەر.

ئەڭ كەينىدىكى بىر ماشىنىنىڭ ئالدىغا«ئېلوندىرا، مەن سىزنى سېغىندىم» دېگەن خەت يېزىلغان پىلاكات ئېسىپ قويۇلغانىدى.

ئۇلار شىمالنى بويلاپ ماڭغانسېرى شامال شۇنچە كۈچىيىشىكە باشلىدى، ھاۋامۇ بارغانسىرى قۇرغاقلىشىپ، تونۇردەك قىزىپ كەتتى، ئۇلار ئىسسىق دەستىدىن نەپەس ئالالمايلا قېلىشتى.

موماي يىراقتا كېتىۋاتقان فوتوگرافنى بىرىنچى بولۇپ كۆردى، فوتوگراف بېشىغا قولياغلىقىنى چىگىۋېلىپ، ۋېلسىپىتىنى تولىمۇ مۇشەققەتتە ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى.

– ئاۋۇ ھارىمىمۇ شۇلارنىڭ گۇماشتىسى،- دېدى موماي فوتوگرافنىڭ كەينىدىن چىنەپ تۇرۇپ.

بازار باشلىقى بىر ژاندارمىغا فوتوگرافنى تۇتۇشقا بۇيرۇق قىلىپ دېدى:

– ئۇنى تۇتۇپ مۇشۇ يەردە بىزنى ساقلاپ تۇر، بىز بىردەمدىلا يېنىپ كېلىمىز.

ژاندارما ماشىنىدىن لىككىدە سەكرەپ چۈشۈپ، فوتوگرافنى بار ئاۋازى بىلەن توۋلىدى، شامال بەك كۈچلۈك بولغاچقا، فوتوگراف ئاڭلىمىدى. مىنىبوس ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتكەندە، موماينىڭ چىراي ئىپادىسىدىن فوتوگراف گاڭگىراپلا قالدى، موماينى ئۆزىگە سالام بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ، كۈلۈپ قويدى ۋە خەير- خوش دېگەندەك قىلىپ مومايغا قول ئىشارىسى قىلدى. ئۇ ئوق ئاۋازىنى ئىشىتمەستىنلا ئالدىغا بىرنى دۈگجۈدى- دە، ۋېلسىپىتىنىڭ ئۈستىدىلا جان بەردى. قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن بىر پاي ئوق ئۇنىڭ مېڭىسىدىن تۈڭلۈك ئاچقانىدى.

چىڭقى چۈش پەيتىگە ئاز قالغاندا، ئۇلارغا قۇش پەيلىرى ئۇچرىدى. قۇش پەيلىرى شامالدا ھەريان ئۇچۇپ يۈرەتتى. پەيلەر تېخى يېڭى ئىدى. ئۇلىسېسنىڭ دادىسى بۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى قۇشلارنىڭ پېيى ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدى. شوپۇر يۆنىلىشنى توغرىلىۋېلىپ، ماشىنىنىڭ مېيىنى قۇلاققىچە دەسسىدى، ئارىدىن يېرىم سائەتمۇ ئۆتمەي، ئۇلار يىراقتىن ھېلىقى كىچىك قارا ماشىنىنى كۆردى.

ئۇلىسېس نۇر قايتۇرۇش ئەينىكىدىن كەينىدە بىر ھەربىي ماشىنىنىڭ تاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقىنىنى كۆردى، ئۇ ماينى بولۇشىغا دەسسەپ ئۇزاپ كەتمەكچى بولدى، لېكىن ماشىنىنىڭ ھالى شۇنچىلىك بولغاچقا، ھەر قانچە قىلىپمۇ سۈرئەتنى تېزلىتەلمىدى. ئۇلار كېچىچە ئۇخلىماي ماڭغاچقا، ھارغىنلىق، ئۇسسۇزلۇق ئوبدانلا قىينىغانىدى. ئۇلىسېسنىڭ يەلكىسىگە بېشىنى قويۇپ مۈگىدەپ ئولتۇرغان ئېلوندىرا چۆچۈپ ئۇيقۇسىنى ئاچتى، بىر مىنىبوسنىڭ ئۆزلىرىنى قوغلاپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، تاپانچىنى قولىغا ئالدى.

– ئەمدى بولمىدى، ئۇ دېگەن فرانسىس دىراك،- دېدى ئۇلىسېس.

ئېلوندىرا قولىدىكى تاپانچا بىلەن ماشىنا ئەينىكىنى چېقىپ، مىنبوسقا قارىتىپ ئوق ئۈزدى. مىنىبوس ئۇلىسېسنىڭ ئالدىغا ئۆتتى- دە، جىددىي بۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توستى.

«بۇ ئاۋات زاماننىڭ ئىشلىرىنى چۈشەندىممۇ دەي، مەيلى نېمە ئىش روي بەرسۇن، پەقەت تالاي يىللار ئۆتسىلا، ئۇنىڭ ئۇششاق تەپسىلاتلىرى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمەن.» بۇ، رافائىل ئېسكارونا بىر ناخشىسىدا ئېچىپ بەرگەن تىراگېدىك خاتىمە. مېنىڭچە ئۇنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇم ئارتۇقچە ئەمەس. مەن رىيوئاگا ئۆلكىسىنىڭ ھەممە يېرىدە ئىنىسكلوپېدىيە ۋە دوختۇرلۇق ھەققىدىكى كىتابلارنى سېتىپ يۈردۈم. ئا . س . سامىدىيومۇ مۇشۇ ئەتراپتا پىۋا ئىشلەش ماشىنىسى ساتاتتى، مېنى ئەپچىلگىنە كەلگەن قارا ماشىنىسىغا سېلىۋېلىپ مۇشۇ قاقاسلىقتا ئۇياقتىن- بۇياققا ئايلاندۇراتتى، مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەتتى. بىز بىللە بولساق، دېيىشمەيدىغان گېپىمىز قالمايتتى، چىلاشقۇچە پىۋا ئىچەتتۇق، بۇ قاقاسلىقتىن قاچان، قەيەردىن چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىمىزنىمۇ ھەم بىلمەيىتتۇق. كېيىن چىگرا بويىغا باردۇق، ئۇ يەردە ھېلىقى ھەرىكەتچان چېدىر بارئىدى، «ئېلوندىرا ئەڭ نوچىسى، قېنى مەرھەمەت! ئېلوندىرا سىلەرنى ساقلىماقتا! ئېلوندىراسىز ھايات ھايات ئەمەس!»دېگەن يوغان خەتلەر يېزىلغان ماتا رەخت چېدىرغا ئېسىپ قويۇلاتتى. شەھەرنىڭ ھەممە كوچىسىدا ئاشكارا قىمارخانا بار ئىدى، ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى كىچىك قاۋاقخانا ئىدى، قاچقۇنلارنىڭ پاناھگاھى ئىدى. گۈلدۈر- غالاپ مۇزىكا ئاۋازى بىلەن ھۆپىگەرلەرنىڭ مېلىنى داڭلاپ ۋارقىراشلىرى قوشۇلۇپ كىشى نېرۋىسىنى قوچۇيدىغان سىمفونىيەگە ئايلىناتتى.

قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئاشۇ كىشىلەر ئارىسىدا بۇراگمان ئىسىملىك ياخشى نىيەتلىك بىر كىشى بار ئىدى، ئۇ ئۈستەلگە چىقىۋېلىپ زەھەرلىك يىلان ئوينىتاتتى، ئۆزى ئىجاد قىلغان زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى نەق مەيداندا تەجرىبە قىلىپ بېرەتتى. بۇ يەردە يەنە ئاتا- ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرمىگىنى ئۈچۈن ئۆمۈچۈككە ئايلىنىپ قالغان يەنە بىر قىز بالا بار ئىدى، ئىشەنمىگەنلەر يېرىم پىسو تۆلەپ سىيلاپ باقسا بولاتتى، بۇ ئۆمۈچۈك قىز يەنە ئۆزى ئۇچرىغان كۈلپەتلەر ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرەتتى. پالچىلىق قىلىدىغان يەنە بىر ئەپەندىم پىلانىتلاردىكى قورقۇنچلۇق شەپەرەڭلەرنىڭ يەر يۈزىگە يېتىپ كېلىدىغانلىقى، ئاشۇ شەپەرەڭلەر ئەگەر بىر نەپەس ئالىدىغان بولسا پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقى، دېڭىز ئاستىدىكى جىمى نەرسىلەرنىڭ سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە پال سېلىپ خەۋەر بېرەتتى.

بىردىبىر قۇلاق تىنچ جاي چېركاۋ ئىدى، شەھەرنىڭ شاۋقۇن- سۈرەنلىرىدىن بەزگەن كىشىلەر ئۇدۇل مۇشۇ يەرنى تاپاتتى. يىراق- يېقىندىن ئارامچىلىق ئىزدەپ كەلگەن ئاياللار چېركاۋنىڭ بۇ تاشلاندۇق زالىدا بەھۇزۇر ھاردۇقلىرىنى چىقىرىپ ئەسنىشىپ ئولتۇراتتى، ئۇلارنى ھېچكىم نېرى تۇر، بېرى تۇر دېمەيىتتى. ئۇلار تورۇستىكى شامالدۇرغۇچ ئاستىغا كېلىۋېلىپ، پىلانتلاردىكى شەپەرەڭلەر قاچان كېلەركىن دەپ ئىڭەك يۆلەپ ئولتۇراتتى. توساتتىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر ئايال لىككىدە ئورنىدىن تۇردى- دە، كوچىغا قارايدىغان كارىدورنى نىشانلاپ ماڭدى، كوچا ئېلوندىرانىڭ چۆپقەتلىرى بىلەن توشقان ئىدى، ئايال باشقىلارغا قاراپ توۋلىدى:

– قاراڭلار! ئۇنىڭدا بىزدە يوق نېمە خىسلەت باردۇر؟

– پالاتا ئەزاسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەرگەن خېتى بار،- ۋارقىرىدى بىر ئايال.

باشقا ئاياللارمۇ قىزىقسىنىپ كارىدورغا ئولاشتى.

– 15 كۈن بولدى، خەقلەر ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتىدۇ، ھەر بىر ئادەمدىن 50 پىسو پۇل تاپسا،- دېدى يەنە بىر ئايال.

دەسلەپتە چىققان ھېلىقى ئايال ئىشنىڭ تېگى- تەكتىگە يېتىش نىيىتىگە كېلىپ دېدى:

– بېرىپ بىر قاراپ باقاي، زادى ئۇنىڭ نېمىسىگە خەقلەر شۇنچىلىك قىلىدىكىن.

– مەنمۇ بىللە باراي،- دېدى يەنە بىر ئايال،- ئۇ يەر چوقۇم پۇل ئالمايدىغان بۇ يەردىن ياخشى.

يولدا ئۇلارغا يەنە بىر مۇنچە ئايال قېتىلدى، ئېلوندىرانىڭ چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەپ بولغۇچە، بىر توپ ئايال يىغىلدى. ئۇلار گەپمۇ قىلماستىن چېدىرغا ئېتىلىپ كىردى- دە، پۇل تۆلەپ بولۇپ نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان خېرىدارلارنى ياستۇق بىلەن ئۇرۇپ يۈرۈپ قوغلاپ چىقاردى، ئاندىن ئېلوندىرانى كارىۋېتى بىلەنلا قوشۇپ كۆتۈرگىنىچە كوچىغا ئەچىقىپ قويدى.

– كۆرۈڭ بۇ مۇتتەھەملىكنى!- ۋارقىرىدى موماي،- ھۇ بۇزۇقلار، ھەر قايسىڭنى يىغىشتۇرىدىغان قانۇن يوقمۇ بۇ يەردە!- موماي ئاياللارنى بىر ھازا تىللاپ بولۇپ، ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرغان ئەرلەرگە شالىنى چاچتى،- ھۇ سامان تاغىرى ئوغرىلار، قېنى، ھەرقايسىڭنىڭ جىگىرى نەگە كەتتى؟ ئاۋۇ بۇزۇقلار كۆزۈڭگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ بىر بىچار قىزبالىنى مۇشۇنداق ئانىي تېپىۋاتسا قاراپ تۇرۇشامسەن؟ ھۇ پەسەندى گۇيلار!

موماي ھاسىسىنى ئۇياق- بۇياق چۆرۈپ كىشىلەر توپىنى ئىككىگە ياردى ۋە ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ چوقان سالدى. لېكىن ئەتراپنى ۋاڭ- چۇڭ ۋە مەسخىرىلىك كۈلكە بىر ئالغاچقا، مومايغا ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى.

ئېلوندىرا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يۇلقۇنۇپ چىقالمىدى، چۈنكى ئۆتكەن قېتىم قېچىپ تۇتۇلغاندىن كېيىن، مومىسى ئىت باغلايدىغان زەنجىردە ئۇنى كارىۋاتقا باغلاپ قويىدىغان بولغانىدى. لېكىن ئۇلار ئېلوندىرانى ھېچنېمە قىلمىدى، پەقەت ئۇنى ئەڭ ئاۋات كوچىلارنىڭ بىرسىگە كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ سازايى قىلدى، گويا باغلاقتىكى توۋا قىلغۇچىنى كۆتۈرگەن پەدىگە كۆتۈرۈپ مەيداننىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا قويۇپ قويدى. ئېلوندىرا ئېڭىشىپ يۈزىنى ئېتىۋالدى، لېكىن كۆزلىرىدىن ياش چىقارمىدى. ئۇ ئەنە شۇ تەرزدە تەپتى تونۇرنى ئەسلىتىدىغان پىژ- پىژ ئىسسىقتا مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا چىشىنى چىشلەپ تۇردى، بوينىغا سېلىنغان ئىت باغلايدىغان زەنجىردىن خورلۇق ھېس قىلدى، غەزىپى ئۆرلىدى. نىھايەت، بىرەيلەن ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تال كۆينەكنى ئارتىپ قويدى.

مەن تۇنجى بولۇپ كۆرگەن ئەھۋال شۇ ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ ئاشۇ چېگرا شەھەردە ئاممىنىڭ ھىماتىغا ئېرىشكىنىنى ئاڭلىدىم. مومىسىنىڭ غەللە ساندۇقى پۇل بىلەن لىق توشۇپ ئېتىلىپ كېتەي دېگەندىلا ئاندىن ئۇلار بۇ قاقاسلىقنى تاشلاپ دېڭىز تامان يۈرۈپ كەتتى. ئۇ نامراتلار دۆلىتىدە ئەزەلدىن مۇنداق داغدۇغىلىق مەنزىرە كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى: كالا ھارۋىسىغا ئوت ئاپىتىدىن ئامان قالغان نەرسىلەر چوقچىلاپ بېسىلغانىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە رىم پادىشاھىنىڭ يېرىم ھەيكىلى بىلەن تام سائىتىدىن باشقا، يەنە پىئانىنو بىلەن نۇرغۇن پىلاستىنكىلىرى بار قولدا چۆرۈيدىغان بىر فاتىفونمۇ بار ئىدى. بىر توپ ئىندىئان ھارۋىنىڭ كەينىدىن توختىماي كېلەتتى، ھەر قېتىم بازار ئىچىگە ئاز قالغاندا سازەندىلەر سازلىرىنى ياڭرىتىپ، كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ زەپەر قۇچۇپ كېلىۋاتقىنىنى نامايىش قىلاتتى.

موماي بوينىغا قەغەزدىن ياسالغان گۈلچەمبىرەك ئېسىلغان ھالەتتە تەختىراۋاندا تىككىدە ئولتۇراتتى. چېركاۋنىڭ سايىسىدا يانچۇقىغا سېلىۋالغان يېمەكلىكلىرىنى ئاغزى بېسىقماستىن يەيىتتى. چاپىنىنىڭ ئىچىگە بېرزىنتتىن تىكىلگەن جىلىتكە كىيىۋالغان بولغاچقا، بېلىنىڭ ئۈستۈنكى قىسىمى يەنە سەمىرىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى، جىلىتكىسىگە زىخچە ئالتۇنلارنى ئوق تاسمىسىغا ئوخشىتىپ قاتىرىسىغا ئېسىۋالغانىدى. ئايدەك ياسانغان ئېلوندىرا مومىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى، پۇتى بىلەن بوينىغا يەنە ھېلىقى ئىت باغلايدىغان زەنجىر سېلىقلىق ئىدى.

– تولا زارلانما،- چېگرا شەھەردىن قوزغالغاندا موماي قىزغا شۇنداق دېدى،- سېنىڭمۇ خانىشلارنىڭكىدەك كىيىملىرىڭ، ياسىداق كارىۋىتىڭ بار بولىدۇ، ئۆزۈڭگە تەئەللۇق ئوركېستېرىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ تاشايىنىدا يەنە 14 ئىندىئان خىزمىتىڭنى قىلىدۇ. سېنىڭچە بۇ قالتىس ئىش ئەمەسمۇ؟

– شۇنداق موما.

موماي گېپىنى يەنە داۋام قىلدى:

– كۆزۈم يۇمۇلغاندىن كېيىن، ئەرلەرنى كۈتۈپ يۈرمەيسەن، چوڭ شەھەرلەردە ئۆزۈڭگە خاس ئۆيۈڭ بولىدۇ، تولىمۇ ئەركىن، بەختلىك ياشايسەن.

بۇ گەپلەر ئۆز ئىستىقبالى ھەققىدە زىنھار ئويلىنىپ كۆرمىگەن ئېلوندىرا ئۈچۈن يېڭىچە بىر مەنزىل ئىدى. موماي قەرزنىڭ گېپىنى تىلغا ئالمايدىغان بولۇپ قالدى، ئوقەت يۈرۈشۈپ بەرگەنسېرى موماينىڭ قەرز ھەققىدىكى چوتلىرىمۇ سۇسلاپ قالغانىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئېلوندىرا كۆڭلىدە ئويلاپ يۈرگەنلىرىنى تېشىغا چىقارمىدى، ئۇ بۇ خورلۇقلارغا جىممىدە سۈكۈت قىلماقتا ئىدى. موماي گويا بىر پالچىدەك، قىزنىڭ ئالدىدا كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەققىدە توختىماي ۋالاقلايىتتى.

بىر كۈنى ئۇلار كۈن چۈشتىن قايرىلغان مەھەل بىلەن دىمىقلىقىدىن كىشىنىڭ نەپسىنى قىينايدىغان بىر جىلغىنىڭ ئايىقىغا چىقىپ قالدى، ئۇلار بۇنىڭدىن قەۋەتلا خۇش بوپ كەتتى، يامايكا يايلاق توخۇسىنىڭ قىچقارغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قەلبىنى بېسىپ كېلىۋاتقان بىر تال تاش ئىرغىتىپ تاشلانغاندەك بولدى، ئۇلار ئاخىرى دېڭىز بويىغا يەتكەنىدى.

موماي قوياش نۇرىدا ئالتۇندەك پارلاپ تۇرغان كارىپ دېڭىزىنى كۆرۈپ، قاقاسلىقتا ئۆتكەن يېرىم ئۆمرىنىڭ ئەمدى ئاخىرلاشقانلىقىنى تونۇپ يەتتى- دە، ھەسرەتلىك ئۇھ تارتىپ قويۇپ دېدى:

– ئەنە ئاشۇ يەردە سېنىڭ ھەممە نەرسەڭ بار بولىدۇ، خوش بولۇۋاتامسەن؟

– شۇنداق موما.

ئۇلار چېدىرنى تىكتى. موماينىڭ ئاغزى گەپتىن ھېچ توختاي دېمەيىتتى، تۇرۇپ- تۇرۇپ ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلەرنى كەلگۈسىدىكى ئارمانلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قوياتتى. شۇ كېچىسى موماي ئادەتتىكىدىنمۇ راھەت ئۇخلىدى، دېڭىز شاۋقۇنىنىڭ ھۆركىرەشلىرى ئارام بەرمىگەندىلا ئاندىن ناھايىتى كېچىكىپ چۆچۈپ ئويغاندى. ئېلوندىرا ئۆزىنى يۇيۇندۇرۇپ قويۇۋاتقاندىمۇ كەلگۈسى ئىستەكلەر ھەققىدە سۆزلەشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىدى، ئۇنىڭ ئەسەبىي تۇيغۇلار بىلەن تويۇنغان گەپلىرى چۈشتەكلا تۇيۇلاتتى.

– كەلگۈسىدە ئېسىلزادە خېنىمغا ئايلىنىسەن،- دېدى موماي قىزغا،- ھىمايەڭگە ئالغان كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە سەن ھۆرمەتكە سازاۋەر خوجايىنغا ئايلىنىسەن، يوقىرى دائىرىلەرنىڭ ھىممىتى ۋە ھۆرمىتىگە نائىل بولىسەن، ھەربىي پاراخوتلارنىڭ كاپىتانلىرى دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىدىكى پورتلاردىن ساڭا ئاتكىرىتكا ئەۋەتىشىدۇ.

مومىسىنىڭ گەپلىرى ئېلوندىرانىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. ئىسسىق سۇ يۇيۇنۇش دېسىغا بىر تال شىلانكا ئارقىلىق كىرىپ تۇراتتى، داسقا خۇشپۇراق ئوت- چۆپلەر چىلاقلىق ئىدى. قىز بىر قولىدا چۆمۈچ بىلەن مومىسىغا سۇ قۇيغاچ، يەنە بىر قولىدا مومىسىنىڭ بەدىنىگە سوپۇن سۈرەتتى. موماي تېخىچە ئاغزى بېسىقماي ۋالاقلىماقتا ئىدى:

– ئائىلەڭنىڭ شۆھرىتى ئاندىلىس تاقىم ئاراللىرىدىن ھالقىپ گوللاندىيە پادىشاھلىقىغىچە بېرىپ يېتىدۇ. شۆھرىتىڭ زۇڭتۇڭ جەمەتىنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بىلىپ قالغىنكى، زۇڭتۇڭنىڭ جەمەتىدە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ- چوڭ ئىشلار ھەققىدە سوقا- سۆھبەتلەر بولۇپ تۇرىدۇ.

شىلانكىدىكى سۇ تۇيۇقسىز توختاپ قالدى، ئېلوندىرا چىقىپ قاراپ بېقىۋېدى، شىلانكىغا سۇ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئىندىئاننىڭ ئوتۇن يېرىۋاتقىنىنى كۆردى.

– سۇ ئىسسىپ بولدى، سەل سوۋۇۋالسۇن،- دېدى ئىندىئان.

ئېلوندىرا ئوچاقنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئوچاققا يوغان بىر داش قازان ئېسىقلىق ئىدى، قازاندا خۇشپۇراق ئوت- چۆپلەر قايناۋاتاتتى. قىز بىر پارچە ئەسكى لاتا بىلەن قولىنى يۆگەپ، قازاننى كۆتۈرۈشكە تۇتۇندى ۋە ئىندىئانغا:

– ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، سۇنى مەن تەڭشەي،- دېدى.

ئىندىئان ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى، قىز ئوچاقتىن قازاننى ئالدى- دە، ئىنجىقلاپ كۆتۈرگىنىچە شىلانكا تەرەپكە ماڭدى. قىز قايناقسۇنى تۆكەي دەپ تۇرۇشىغا، موماي چېدىرنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ۋارقىرىدى:

– ئېلوندىرا!

قىزنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى، گويا بىرى ئىچىدىكى خىياللىرىنى بىلىپ قالغاندەك، ئالدىراپقىنا جاۋاب بەردى:

– موما، مەن سۇ تەڭشەۋاتىمەن، قېشىڭىزغا ھازىرلا كىرىمەن.

شۇ كېچىسى قىزنىڭ كۆزىگە خېلى بىر كەملەرگىچىمۇ ئۇيقۇ بارمىدى، قىز كارىۋىتىدا ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆككەنىدى. موماي ئۈستىدىكى چوكا ئالتۇنلار بىلەن لىق توشقان جىلىتكىسىنى سالمايلا ئۇيقۇغا كەتكەن، ئۇيقۇدا تۇرۇپمۇ بىر ناخشىلارغا ھەدەپ غىڭشىماقتا ئىدى. ئېلوندىرا ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلاپ مومايغا چەكچەيگىنىچە قاراپ تۇردى، قاراڭغۇدا قىزنىڭ كۆزلىرى بەئەينى مۈشۈكنىڭ دۈپدۈگىلەك كۆزلىرىدەك پارقىرايىتتى.

قىز كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ سوزۇلۇپ ياتتى، ئىككى قولىنى جۈپلەپ كۆكرىكىگە قويدى- دە، ۋۇجۇدىدىكى جىمى قۇدرىتىنى توپلاپ ئىچىدە قاتتىق نىدا قىلدى:

– ئۇلىسېس!

ئاپېلىسىنزارلىقتىكى ئۆيىدە ئۇخلاۋاتقان ئۇلىسېس چۆچۈپ ئويغاندى، ئۇ ئېلوندىرانىڭ نىداسىنى ئېنىق ئاڭلىغانىدى. ئۇ ئەتراپتىكى گۆرنى ئەسلىتىدىغان قاپقاراڭغۇ ئۆيلەرگە قاراپ قويدى- دە، بىر پەس ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى، ئاندىن ئىگىنلىرىنى، ئايىقىنى كۆتۈرگىنىچە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ھوجرىسىدىن چىقتى، پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقاندا، كەينىدىن دادىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

– نەگە ماڭدىڭ؟

ئۇلىسىېس ئاينىڭ يورۇقىدا دادىسىنىڭ سايىسىنى ئېنىق كۆردى.

– جاھان كۆرگىلى ماڭدىم،- جاۋاب بەردى ئۇلىسېس.

– بۇ دورەم ئەمدى سېنى توسۇمايمەن،- دېدى دادىسى،- لېكىن شۇنى دەپ قوياي، مەيلى قەيەرگىلا بارما، قارغىشلىرىم ھامان سەن بىللە.

– بەلكىم شۇنداق بولار،- دېدى ئۇلىسېس.

دادىسى ھەيران بولغىنىدىن تۇرۇپلا قالدى، توغرىراقى ئوغلىنىڭ قارارىدىن ئىپتىخارلاندى. ئۇ ئوغلىنىڭ كەينىدىن خېلىغىچە قاراپ تۇردى ۋە چېھرىدە ئاستا- ئاستا كۈلكە جىلۋە قىلدى. ئاپىسى ئىندىئان گۈزەللىرىگە خاس لاتاپىتى بىلەن ئېرىنىڭ كەينىدە جىممىدە تۇراتتى. ئوغلى باغنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەر ئايالىغا دېدى:

– ئۇ ھامان قايتىپ كېلىدۇ، ھاياتنىڭ رەھىمسىز زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەندە قايتىپ كېلىپ يەنە مۇشۇ ئۆينى تاپىدۇ.

– ھەجەپ غەم يېمەس ئادەمكەنسىز،- دېدى ئايال ئۇھسىنىپ قويۇپ،- ئۇ ئەمدى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ.

بۇ دورەم ئۇلىسېس ئېلوندىرانىڭ ئىز- دېرىكىنى باشقىلاردىن سوراپ يۈرمىدى. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قارا ماشىنغا تۇيدۇرماي يامىشىپ چىقىۋېلىپ، قاقاسلىقتىن يىراقلاپ كەتتى، قورسىقى ئاچسا ئانچە- مۇنچە بىر نەرسىلەرنى ئوغرىلاپ يېدى، چارچىسا بىرەر دالدا جاينى تېپىپ قېنىپ ئۇخلىۋالدى، گاھىدا تېخى تۇتۇلۇپ قالسام قانداق قىلارمەن دېمەي، قەستەن ئۇنى- بۇنى ئوغرىلاپ كۆڭلىنى خۇشمۇ قىلدى، تاكى دېڭىز بويىدىكى بىر شەھەردە ئۆزىگە تونۇش چېدىرنى تاپقۇچە شۇنداق قىلدى. شەھەر تولىمۇ چىرايلىق ئىدى، يېقىندىمۇ، يىراقتىمۇ ئەينەكلىك قۇرۇلۇشلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. تۈن قاراڭغۇسىدا ئارۇۋا ئارىلىغا يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر نەچچە ھەربىي پاراخۇت خوشلىشىش گۈدۈكى چالماقتا ئىدى. ئېلوندىرا كارىۋاتقا باغلاپ قويۇلغان، ئۆتكەندە ئۇلىسېسنى چاقىرغان چاغدىكى تۇرۇقىنى بۇزماي تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇلىسېس يېقىن كېلىپ قىزغا جىممىدە قاراپ تۇردى، لېكىن قىزنى ئويغاتمىدى. ئېلوندىرا ھايال ئۆتمەيلا ئۇيقۇسىنى ئاچتى، قاراڭغۇدا ئۇلار چىڭڭىدە قۇچاقلاشتى، پۈتۈن ئىشىقى بىلەن سۆيۈشتى، ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بىر شېرىن لەززەت ئىلىكىدە مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى قانغۇچە سۈرۈشتى.

ئۇلارنىڭ يېنىدىلا مەلەخ- مەلەخ ئۇخلاپ ياتقان موماي بىرلا ئۆرۈلدى- دە، يەنە جۆيلۈشنى باشلىۋەتتى:

– گرېتسىيىلىكلەرنىڭ كېمىسى كەلگەندە بىر بەختسىزلىك يۈز بەردى، ئەسلىدە ئاياللارغا بەخت ئاتا قىلىشقا تېگىشلىك ئۇ ساراڭلارنىڭ ئاياللارغا بەرگىنى پۇل- پۈچەك ئەمەس، قان شورىغۇچ قۇرۇت بولۇپ چىقتى، بۇ قۇرۇتلار كېيىن ئۆي- ئۆيلەرگە يامراپ، كىشىلەرنى دوختۇرخانىلاردىكى بىمارلارغا ئوخشاش كۈنبويى ئىڭراپ توختىمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى، بالىلارنىڭ يىغىسىمۇ ئۈزۈلمەيدىغان بولدى.

موماي يەنە بىر ئۆرۈلۈپ كارىۋىتىدا ئۆرە بولدى- دە، ۋارقىراپلا كەتتى:

– ۋاي خۇدايىم، دەل شۇ ئەسنادا ئۇ كېلىپ قالدى، ئۇ ئامادىستىنمۇ قاۋۇل، قامەتلىك ئىدى.

ئۇلىسېس باشتا موماينىڭ جۆيلۈشلىرىگە دىققەت قىلمىدى، موماينىڭ تۇرۇپلا ئۆرە بولغىنىنى كۆرۈپ ئالمان- تالمان ئۆزىنى دالدىغا ئالدى. ئېلوندىرا ئۇنى بېسىپ تۇرۇپ:

– جىم تۇرۇڭ، ئۇ ھەمىشە ئاشۇنداق قىلىدۇ. ھەر قېتىم جۆيلۈپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئۆرە بولۇپ ئولتۇرىدۇ، لېكىن بۇ ئۇ ئۇنىڭ ئويغانغىنى ئەمەس،- دېدى.

ئۇلىسېس قىزنىڭ قوينىغا يەنە ئۆزىنى ئاتتى.

– شۇ كۈنى كېچىسى دېڭىزچىلار بىلەن بىللە ناخشا توۋلىدىم، مەن تېخى يەر تەۋرىگەن چېغى دەپ قاپتىمەن،- موماي جۆيلۈشلىرىنى يەنە داۋام ئەتتى،- خەقلەرنىڭ ھەممىسى شۇ ئويدا ئاللا- توۋا كۆتۈرگىنىچە ئۆزلىرىنى تالاغا ئېتىشتى، ئۆيدە ئۇ ئۆزىلا يالغۇز قالدى. ئاشۇ ئىشلارنى ئەسلىسەم، تېخى تۈنۈگۈنلا يۈز بەرگەندەك تۇيۇلىدۇ. شۇ چاغلاردا مودا بولغان ناخشىلارنى ئېيتىپ يۈرسەم، ھويلىدىكى شاتۇتىمۇ ئۆگىنىۋاپتۇ.

موماي جۆيلۈۋېتىپ، ھەسرەتلىك ئىككى مىسرا ناخشىنىمۇ قوشۇپ قويدى:

ئەي ئەپەندى، قايتۇرۇپ بەر مەسۇملۇقۇمنى،

تۇنجى سۆيگۈ شارابىڭدىن قانغۇچە ئىچەي.

ئۇلىسېس ئەنە شۇندىلا موماينىڭ جۆيلۈۋاتقانلىرىنىڭ ئەسلىدە ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى.

– ئۇمۇ شۇ يەردە ئىدى،- موماي جۆيلۈشلىرىنى يەنە باشلىدى،- ئۇ خۇددى گىۋاتالار گىۋئاناغا بارغان چاغدىكىدەك ئۆشنىسىگە مەخسۇس يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئاتىدىغان يوغان كالبېرلىق ئوۋ مىلتىقىنى ئارتىپ، يەلكىسىگە ۋايجرا شاتۇتىسىنى قوندۇرۇپ، ئالدىمدا مەردانە قىياپەتتە تىككىدە تۇراتتى. ئۇ ماڭا: «جاھاننى نەچچە مىڭ مەرتە ئايلىنىپ چىقتىم، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە باردىم، خىلمۇخىل ئاياللارنى ئۇچراتتىم، بىلدىمكى، دۇنيادا ھېچقانداق ئايال سەندەك مەغرۇر، ئىشچان، چىرايلىق ئەمەسكەن» دېگەنىدى.

موماي ئۆزىنى يەنە كارىۋاتقا تاشلاپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. ئۇلىسېس بىلەن ئېلوندىرا موماينىڭ مەلەخ- مەلەخ ئۇخلاۋېتىپ ئۇھسىنغان ئاۋازىدىن دىرىڭڭىدە چۆچۈپ كەتتى ۋە خېلىغىچە جىممىدە تۇرۇۋالدى. ئېلوندىرا تۇيۇقسىز ئېغىز ئاچتى:

– ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە جۈرئەت قىلالامسىز؟

ئۇلىسېس قاتتىق چۆچۈپ كەتتى، نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىنى بىلەلمەي:

– ئۇقمايمەن، سىز شۇنداق قىلالامسىز؟- دېدى.

– ئۇ ئىشنى مەن قىلسام بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ دېگەن مېنىڭ مومام تۇرسا.

ئۇلىسېس موماينىڭ قانچىلىك جېنى بارلىقىنى دەڭسەپ باقماقچى بولغاندەك، ھېچنېمىنى تۇيۇماي قاتتىق ئۇخلاۋاتقان لاخسا مومايغا لەپپىدە بىرنى قاراپ قويۇپ، ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى:

– سىز ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىشقا تەييارمەن.

ئۇلىسېس بىر قاداق چاشقان دورىسى سېتىۋېلىپ، ئۇنى پىشلاق ۋە بۆلجۈرگەن قىيامى بىلەن ئوبدان ئارىلاشتۇردى، ئاندىن يەنە بىر يوغان تورتنىڭ قىيمىسىنى ئويۇپ ئېلىپ زەھەرلىك دورا ئارىلاشتۇرۇلغان قايماقلىق قىيام بىلەن قوچۇدى، ئارقىدىن ئۈستىگە قايماق سۈرتۈپ، قوشۇق بىلەن ئىز قالمىغۇدەك دەرىجىدە ئوبدان سىيلىقلىدى، ئۈستىگە 72 تال ئەتىرگۈل بەرگىسىنى قويۇپ قويدى.

ئۇلىسېسنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تورتى كۆتۈرۈپ چىدىرغا كىرىپ كەلگىنىنى كۆرگەن موماي ئورۇندۇقتىن ئىرغىپ تۇردى- دە، ھاسىسىنى شىلتىپ ۋارقىرىدى:

– ھۇ يۈزى قېلىن پەسەندە، بۇسۇغامدىن قەدەم بېسىشقا قانداق پېتىندىڭ!

ئۇلىسېس كۈلۈپ تۇرۇۋالدى، موماينى جايلىۋېتىش نىيىتىنى زىنھار ئاشكارىلىمىدى:

– بۈگۈن سىلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرى، شۇڭا ئۆزلىرىدىن ئەپۇ سورىغىلى كەلدىم،- دېدى ئۇ.

موماي ئۇنىڭ ياغلىما گەپلىرىدىن ئېرىپ كەتتى، ئۈستەللەرنى تىزدۇرۇپ، خۇددى تويى بولغان كۈنىدىكى كەچلىك تاماققا تەييارلىق قىلغان پەدىدە داستىخان راسلىدى. ئۇلىسېسنى ئوڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى، ئېلوندىرا بىر چەتتە تۇرۇپ ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى. موماي بىرلا پۈۋلەپ شاملارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى، ئاندىن تورتنى ئوخشاش چوڭلۇقتا بۆلۈپ، بىر پارچىسىنى ئۇلىسېسقا ئۇزاتتى.

 – ئادەم خاتالىقىنى بوينىغا ئالسا، يېرىم دۇنياغا ئېرىشكەن بىلەن باراۋەر بولىدۇ. ماۋۇ تۇنجى پارچىسى، شۇنداقلا ئەڭ ئامەتلىك يېرى، بۇنى سەن يېگىن.

– مەن تاتلىق نەرسىلەرنى يېمەيمەن، ئۆزلىرى يېسىلە،- دېدى ئۇلىسېس.

موماي تورتنىڭ يەنە بىر پارچىسىنى ئېلوندىراغا تەڭلىدى، قىز تورتنى ئالغان پېتى ئاشخانىغا كىرىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتى.

موماي تورتنى ئاز- ئازدىن تىتىپ ئاغزىغا تىقاتتى- دە، چاينىمايلا يۇتاتتى، ئۇ شۇ خوشلۇقىدا تورتنى پاكپاكىز يەۋەتتى. ئۆز تەخسىسىدىكىنى يەپ بولۇپ، ئۇلىسېس يېمىگەن تورتنىمۇ ئېلىپ يېدى. تورتنىڭ ئاخىرقى پارچىسىنى مالاچلىتىپ يەۋېتىپ قولى بىلەن داستىخاندىكى تورتنىڭ ئۇۋاقلىرىنىمۇ تېرىپ ئاغزىغا تىقتى.

موماي يەۋەتكەن زەھەر بىر ئۇۋا چاشقاننى تۈگەل ئۆلتۈرۈۋېتىشكە يېتەتتى، لېكىن ئۇ يېرىم كېچىگىچە ئادىتى بويىچە پىئانىنوغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا توۋلىدى، ئاندىن كارىۋىتىغا چىقىپ ناھايىتى خاتىرجەم ئۇخلىدى، پەقەت نەپەس ئېلىشىلا سەل قىيىنلاشتى.

ئېلوندىرا بىلەن ئۇلىسېس نېمە ئىش يۈز بېرەركىن دەپ كۆزىتىپ ئولتۇردى، موماي جۆيلۈشكە باشلىدى، لېكىن ئاۋازىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.

– ئاھ تەڭرىم، مەن يەنە ساراڭ بولدۇم! ئۇنى كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن ھۇجرامنىڭ ئىشىكىنى چىڭڭىدە تاقىدىم، فاتىفۇن قويىدىغان ئۈستەلنىمۇ ئىشىككە تىرەپ قويدۇم، ئۈستەلگە يەنە ئورۇندۇقلارنى ئېلىپ قويدۇم، لېكىن ئۇ ئۈزۈكى بىلەن مۇنداقلا ئىتتىرىپ قويۇۋېدى، ئۈستەل- ئورۇندۇقلار ئۆرۈلۈپ، ئىشىك جالاققىدە ئېچىلىپ كەتتى.

ئېلوندىرا بىلەن ئۇلىسېس مومايغا ھەيرانلىق ئىلىكىدە قاراپ تۇراتتى، موماينىڭ جۆيلۈشلىرى بارغانسېرى ئەدەشكە باشلىدى، ئاۋازى تېخىمۇ يېقىملىق تۈس ئالدى.

– ھېلىلا ئۆلىدىغاندەك بىر تۇيغۇ ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالدى، قورققىنىمدىن چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈپ، ئۇنىڭغا يېلىندىم: ئۇنىڭغا ھېلى ئىشىكنى ئاچ دېسەم، ھېلى ئاچما دەيىتتىم؛ ھېلى كىر دېسەم، ھېلى كىرمە دەيىتتىم؛ تۇرۇپ يېنىمدىن مەڭگۈ ئايرىلما دېسەم، دەپ يەنە تۇرۇپلا ئىككىنچىلەپ كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما دەيتتىم.

موماي چۈشىدە گويا شۇ ئىشلارنى قايتىدىن بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك، ھېكايىسىنى مۇقەددىمىسىدىن تارتىپ بىر كارىۋاتقا چىققۇچە بولغان تەپسىلاتلارنى زىر- زەۋرىگىچە قويماي دېدى. تاڭ يورۇشقا ئاز قالغاندا موماي يەنە ئۆرۈلدى ۋە ئۆكسۈپ يىغلاشقا چۈشتى، ھېكايىسىمۇ شۇ يەردە توختاپ قالدى. ھايال ئۆتمەي ھېكايىسىنى يەنە داۋام ئەتتى:

– مەن ئۇنىڭغا كەلگۈسىنى قىياس قىلىپ بېرىۋېدىم، كۈلۈپ كەتتى. پال ئېچىپ بېرىۋېدىم، يەنە كۈلۈپ كەتتى. كېيىن ئۇ ئادەمنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ: «ۋاي خانىشىم، ۋاي خانىشىم» دېيىشكە چۈشتى. ئۇنىڭ ئاۋازى ماڭا ئاغزىدىن ئەمەس، كارنىيىدىن بوغۇلۇپ چىقىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.

موماينىڭ بۇ قورقۇنچلۇق ھەرىكىتىدىن قورقۇپ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالغان ئۇلىسېس ئېلوندىرانىڭ قوللىرىغا چىڭ ئېسىلغىنىچە موماينى تىللىدى:

– ھۇ جادۇگەر قېرى!

تاڭ يورۇدى، سائەتمۇ 5 كە داڭ ئۇردى.

– تېز كېتىڭ، ئۇ ئەمدى ئويغىنىپ قالىدۇ،- دېدى ئېلوندىرا.

– نېمە ئىشتۇ بۇ؟ ھەجەپ ئۆلمىدىيا؟ جېنى نىمانداق چىڭ بۇ قېرىنىڭ؟- دېدى ئۇلىسېس ھەيران بولۇپ.

ئېلوندىرا ئۈمىدسىزلىك ئىلىكىدە ئۇلىسېسقا لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ دېدى:

– قويۇڭە سىزنى، مۇشۇ ئىشقىمۇ كېرەككە كەلمىدىڭىز. بۇ تۇرۇقىڭىزدا سىز ئادەم ئۆلتۈرەلمىگۈدەكسىز.

قىزنىڭ ئەيىبلەشلىرىدىن خىجىل بولۇپ پىغانى ئۆرلىگەن ئۇلىسېس چېدىردىن چىقىپ كەتتى. ئېلوندىرا تېخىچە پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان مومىسىدىن كۆزىنى ئۈزمەي ئولتۇراتتى، قارىغانسېرى قەلبى ئۆچمەنلىك بىلەن تولدى، ئىشنىڭ ئەپلەشمىگىنىدىن ئەرۋايى ئۇچتى. تاڭ ئېتىپ، ئەتراپ يورۇپ كەتتى، قۇشلار خەندان ئۇرۇپ سايراشقا باشلىدى. موماي كۆزىنى ئېچىپ قىزغا لەپپىدە قاراپ قويدى ، جاۋغىيىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋە قىلدى.

– خۇدايىم ئىشىڭنى ئاسان قىلار قىزىم.

مومايدىكى بىردىنبىر ئۆزگىرىش– كۈندىلىك مەشغۇلاتلىرىنىڭ تەرتىپى ئۆزگەرگەنىدى. كۈنگە چارشەنبە بولسىمۇ، لېكىن موماي ئۇچىسىغا يەكشەنبە كۈنلىرى كىيىدىغان ئىگىنلىرىنى كىيدى، ئېلوندىرانى سائەت 11 بولمىغۇچە مېھمان كۈتمەسلىككە بۇيرۇدى. ئېلوندىرا مومىسىنىڭ تىرناقلىرىنى ئانارنىڭ رەڭگىدە بويىدى، ئاندىن چاچلىرىنى تازا چىرايلىق پاسون چىقىرىپ تاراشقا تۇتۇندى.

– كۆڭلۈم ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك ياسىنىشنى خالاپ باققان ئەمەس.

ئېلوندىرا مومىسىنىڭ چاچلىرىنى تاراشقا باشلىدى، چاچقا ھەر قېتىم تارغاق سالغاندا بىر تۇتام چاچ يۇلۇنۇپ چىقاتتى، قىز قورققىنىدىن يۇلۇنۇپ چىققان چاچلارنى دەررۇ مومىسىغا كۆرسەتتى. موماي چاچقا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى ۋە قولى بىلەن چاچلىرىم يەنە يۇلۇنۇپ چىقارمۇ دېگەندەك قىلىپ بېشىدىكى چېچىنى تارتىپ بېقىۋېدى، يەنە بىر تۇتام چېچى قولىغا چىقتى. موماي قولىدىكى چاچنى يەرگە تاشلىۋېتىپ چېچىنى يەنە تارتىپ باقتى، بۇ دورەم ئۇنىڭدىنمۇ جىق بىر تۇتام چاچ يۇلۇنۇپ چىقتى. بۇنى كۆرگەن موماي ئەسەبىيلەرچە كۈلۈپ كەتتى- دە، چاچلىرىنى ئىككى قوللاپ يۇلۇشقا باشلىدى، تۇرۇپلا چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر خۇشلۇق ئىلىكىدە چاچلىرىنى تۇتاملاپ يۇلۇپ ئاسمانغا ئاتتى، بۇ ھالنى تاكى چاچلىرى پاكپاكىز يۇلۇنۇپ گويا بىر بەدبەشىرە تازغا ئوخشىغۇچە داۋام قىلدى.

ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلىسېستىن ھېچ خەۋەر ئالالمىغان ئېلوندىرا چېدىر سىرتىدىكى چاقماق كاۋا ئېلانىغا قاراپ تۇراتتى، بېشىغا قىممەتباھالىق كەيمە چاچ كىيىۋالغان مومىسى ئۆتۈپ كەتكەن ئەسلىمىلىرىنىڭ قوينىغا غەرق بولغىنىچە پىئانىنورىنى تىرىڭشىتىپ ئولتۇراتتى.

ئېلوندىرا مومىسىنىڭ چاقىرىشى بىلەن چېدىرغا كىردى، كىرىپلا پىئانىنو ساندۇقىدىن تاشقىرىدىكى چىملىققىچە سوزۇلغان بومبا پىلىكىنى كۆرۈپ قالدى. قىز بومبا پىلىكىنى بويلاپ ئۇلىسېسنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردى- دە، چاتقاللىقنىڭ ئارىسىغا مۆكۈندى. ئىككىيلەن يۈرىكى پوك- پوك ھالەتتە پىلىككە يېقىلغان ئوتنىڭ كۆيۈپ- كۆيۈپ چېدىر ئىچىگىچە تۇتۇشىشىغا قاراپ تۇراتتى.

– قۇلىقىڭىزنى ئېتىڭ!- دېدى ئۇلىسېس.

ئىككىيلەن تەڭلا قۇلاقلىرىنى ئېتىشتى، لېكىن ئىش ئەپلەشمىدى. چېدىر ئىچىدىن غىل- پال ئوت ئۇچقۇنى كۆرۈنۈپلا پۇررىدە ئىس چىقىپ توختاپ قالدى، پارتلاش ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىدى. ئېلوندىرا ئۇچقاندەك يۈگۈرگەن پېتى چېدىرغا كىردى، مومىسىنى پارتلاپ ئۆلدىمىكىن دەپ قارىۋېدى، مومىسىنى كەيمە چاچلىرىغا ئوت كەتكەن، بىرتال ئەسكى يوتقان تېشى بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈۋاتقان ھالەتتە كۆردى.

ئۇلىسېس ئىندىئانلارنىڭ پاتپاراق بولۇشۇپ كەتكەن پەيتىدىن پايدىلىنىپ غىپلا قىلىپ تىكىۋەتتى، ئىندىئانلار موماينىڭ ۋارقىراپ- جارقىراپ چۈشۈرۈۋاتقان بۇيرۇقلىرىدىن بېشى ئايلىنىپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي قېلىشقانىدى. ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ ئوت ئۆچۈرۈۋالدى، ئىدىتلاپ كۆرۈۋېدى، زىياننىڭ ئاز ئەمەسلىكى مەلۇم بولدى.

– قارىغاندا، بۇزۇق نىيەتلىك بىرەرىنىڭ قىلغان ئىشى ئوخشايدۇ،- دېدى موماي،- ھېلىمۇ شۈكرى، پىئانىنو پارتلاپ كەتمەپتۇ.

موماي نېمە سەۋەبتىن ئوت كەتكەنلىكىنى ئۇقالماي، خىلمۇخىل قىياسلارنى قىلدى، لېكىن ئېلوندىرانىڭ ھودۇقماي- تەمتىرىمەي جاۋاب بېرىشلىرى، ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە تۇرۇشلىرى موماينىڭ گۇمانلىرىنى يوققا چىقاردى. موماي ئېلوندىرانىڭ يۈرۈش- تۇرۇشىدىن ھېچ گۇمانلىق ئالامەتلەرنى بايقىمىدى، ئۇلىسېسنى تېخىمۇ خىيالىغا كەلتۈرمىدى. تاڭ سۈبھىگىچە كۆزىنى يۇمماي، تۈرلۈك قىياسلارنى قىلدى، بولغان زىيانلىرىنى مۆلچەرلىدى. ئەنە شۇ خىياللار ئىلىكىدە كۆزى خىرە- شىرە ئۇيقۇغا كەتتى. ئەتىسى سەھەردە ئېلوندىرا مومىسىنىڭ ئۇچىسىدىكى چوكا ئالتۇنلار تىكىلگەن جىلىتكىسىنى سالدۇرغاندىلا ئاندىن يەلكىسى بىلەن كۆكرەكلىرىنىڭ كۆيۈپ، سۇلۇق قاپارتقۇلارنىڭ ئۆرلەپ كەتكىنىنى بايقىدى. قىز موماينىڭ يارىسىغا تۇخۇمنىڭ ئېقىنى سۈركەۋاتقاندا، مومىسى دېدى:

– ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاۋېتىپ تولا قىينالغىنىم، ھەررەڭ- سەررەڭ چۈشلەرنى كۆرگىنىم بىكار ئەمەسكەندە.

موماي گېپىنى تۈگىتىپ چۈشىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئېسىگە ئېلىشقا تىرىشتى، ئاخىرى كۆرگەن چۈشى ئېسىگە كەلدى.

– چۈشۈمدە بىر توز ئاق رەڭلىك بىر ئاسما كارىۋاتقا قونۇۋالغاندەك قىلغان.

ئېلوندىرا بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق ھولۇقۇپ كەتتى ، ئەمما ئۆزىنى دەررۇ ئوڭشىۋېلىپ دېدى:

– ياخشى چۈش كۆرۈپسىز، توز دېگەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ بىشارىتى.

– جۆيلۈمە، ئەمدى بىزنىڭ بۇرۇنقى گاداي ۋاقتىمىزدىن ھېچ پەرقىمىز قالمىدى، ھەممىنى باشتىن باشلىمىساق بولمىدى،- دېدى موماي.

ئېلوندىرا زۇۋان سۈرمىدى، داكا بىلەن لىق تولغان پەتنۇسنى كۆتۈرگىنىچە چېدىردىن چىقتى، چېدىردا مومىسى بەدىنىگە تۇخۇم ئېقى، بېشىغا ئۇپا سۈرۈلگەن ھالەتتە يالغۇز قالدى. ئېلوندىرا ئاشخانا ئۆيدە پەتنۇسقا تۇخۇم چېقىۋېتىپ، كۆزلىرى ئوچاقنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالغان ئۇلىسېسنىڭ دۈپدۈگىلەك كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. قىز بۇنىڭدىن ھەيرانمۇ قالمىدى، خارامۇش بىر قىياپەتتە ئۇلىسېسقا دېدى:

– سىز تېرىغان بالا ئەمدى قەرزىمنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىدىغان بولدى.

ئۇلىسېسنىڭ كۆزلىرى تەشۋىشلىك تۈس ئالدى، پۈتۈن زېھنى بىلەن تۇخۇم چېقىۋاتقان ئېلوندىراغا قاراپ مىدىر- سىدىر قىلماستىن جىممدە تۇرۇپ كەتتى، ئېلوندىرا گويا ئۇلىسېس بۇ يەردە مەۋجۇت ئەمەستەك، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى. ئۇلىسېس خېلى بىر ھازادىن كېيىن ئۆي ئىچىگە سەپ سالدى، قازان، باش پىياز، تەخسە، گۆش توغراش پىچىقى دېگەندەك نەرسىلەر كۆزىگە چېلىقتى.

ئېلوندىرا ئۇلىسېسقا نەزەر كۆزىنى سالمىدى- يۇ، ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا پەس ئاۋازدا دېدى:

– پەخەس بولۇڭ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ بۇرۇنىغا ئەجەل ھىدى پۇراپ بولدى، ئۇ چۈشىدە ئاپئاق كارىۋاتقا قونۇۋالغان بىر توزنى كۆرۈپتۇ.

ئۇلىسېسنىڭ پىچاق كۆتۈرۈپ كىرىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرگەن موماي ھاسىسىغا تايانمايلا تىرەجەپ ئورنىدىن تۇردى- دە، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ چىرقىرىۋەتتى:

– ساراڭ بولدۇڭمۇ بالام.

ئۇلىسېس يۈگۈرۈپ كەلگەن پېتى موماينىڭ يالىڭاچ كۆكرىكىگىلا چاپتى. موماي بىرلا چىرقىراپ، ئېيىقنى ئەسلىتىدىغان قوللىرى بىلەن پوكىنىغا بېسىپ قىيما-چىيما قىلىۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا ئۇلىسېسقا ئېتىلدى.

– ۋۇ جالاپنىڭ بالىسى!- ئاغزىنى بۇزدى موماي،- سېنىڭ بۇ مۇناپىقلىقىڭنى ھەجەپ بۇرۇن بىلمەي قاپتىمەنا.

ئۇلىسېس قىڭراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ موماينى يەنە بىرنى چاپتى. بۇ دورەم موماينىڭ بىراقلا ئۈنى ئۆچتى- يۇ، بوشقىنە خارقىراپ قويۇپ ئۇلىسېسنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالدى. ئۇلىسېس ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي ئۈچىنچى قېتىم يەنە بىر چېپىۋېدى، چاچراپ چىققان قىپقىزىل قان يۈز- كۆزلىرىنى بويۇۋەتتى. موماينىڭ قېنى مايغا ئوخشاش كۆكۈچ ئىدى، بىر قارىغان كىشىگە يالپۇز ھەسىلىنى ئەسلىتەتتى.

پەتنۇس كۆتۈرگەن پېتى چېدىر ئىشىكىدە ھازىر بولغان ئېلوندىرا بۇ قانلىق ئېلىشىشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇردى.

موماينىڭ لاخسىدەك يوغان تېنى دىر- دىر تىتىرەيتتى، ئۇلىسېسنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالغان قوللىرى ھېچ بوشاي دېمەيىتتى. موماينىڭ پۇت- قولى، پاچاقلىرىدىن تارتىپ تاقىر بېشىغىچە قىپقىزىل قانغا بويۇلۇپ كەتتى، شامالدۇرغۇچنىڭكىدەك خىر- خىر ئاۋاز چىقىرىپ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىلا قېپقالدى.

ئۇلىسېس يۇلقىنىپ چىقىش ئۈچۈن موماينىڭ قورسىقىغا يەنە بىر پىچاق تىقتى، مومايدىن ئاققان قاندا ئۇنىڭ پاچاقلىرىمۇ يېشىلغا بويۇلۇپ كەتتى. موماي خارقىراپ جان تالاشقىنىچە پالاققىدە يەرگە يىقىلدى. ئۇلىسېس موماينىڭ بوشىشىپ كەتكەن قولىدىن ئاجراپ چىقتى- دە، ھاۋا تاپان بولۇپ يەردە ياتقان موماينى زەردە بىلەن يەنە بىرنى چاپتى.

ئېلوندىرا قولىدىكى پەتنۇسنى ئۈستەلگە قويۇپ يەرگە ئېڭىشىپ مومىسىغا قارىدى، مومىسىنىڭ جان ئۈزگىنىنى كۆرۈپ چىرايى بىردىن تەمكىن تۈس ئالدى، قىزنىڭ 20 يىللىق بەختسىز تۇرمۇشىدا ئەزەلدىن بۇنداق ئۆزگىرىش بولۇپ باقمىغانىدى. ئۇ ناھايىتى تېزلىك بىلەن مومىسىنىڭ ئۇچىسىدىكى چوكا ئالتۇن تىكىلگەن جىلتىكىسىنى سالدۇردى- دە، چېدىردىن چىقىپ كەتتى.

ئۇلىسېس موماينىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا جىممىدە ئولتۇرۇپ كەتتى، بايامقى جىددىي ئېلىشىش ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتكەنىدى. ئۇ سۈرتۈۋېتىش ئۈچۈن يۈزىنى تۇتۇۋېدى، يۈزلىرى تېخىمۇ مەينەتلىشىپ كەتتى، قان گويا ئۇنىڭ قولىدىن چىقىۋاتقاندەك، ھەممە يېرى ياپيېشىل مايلىق قان بىلەن بۇلغاندى. ئېلوندىرانىڭ ئالتۇن تىكىلگەن جىلىتكىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئاندىن چۆچۈپ ئەسلىگە كەلدى.

ئۇلىسېس ئېلوندىرانى بار ئاۋازى بىلەن توۋلىدى، لېكىن قىزدىن ھېچبىر سادا كەلمىدى. ئۇ ئۆمىلىگىنىچە چېدىرنىڭ ئىشىكىگە چىقتى- دە، ئېلوندىرانىڭ دېڭىز بويىدا شەھەرنىڭ قارشى تەرىپىنى نىشانلاپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردى. ئۇلىسېسمۇ ئاداققى ماغدۇرىنى يىغىپ قىزنىڭ كەينىدىن قوغلىغاچ، بار ئاۋازى بىلەن قىزنى توۋلىدى، بۇ ئاۋاز ئاشنا ئوينىغۇچىلارنىڭ ئاۋازىغا ھېچ ئوخشىمايىتتى، بەلكى بالىلارچە ئاۋاز ئىدى. ئۇ موماينى ئۆلتۈرىمەن دەپ ئوبدانلا ماغدۇرىدىن كەتكەچكە، يۈگۈرەلمەيلا قالدى. كەينىدىن تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ كەلگەن ئىندىئانلار ئۇنى دۈم ياتقۇزۇپ تۇتۇۋالدى، ئۇ قورقۇنچ ھەم غېرىپلىق ئىلىكىدە پاڭڭىدە يىغلاپ تاشلىدى.

ئېلوندىرا ئۇلىسېسنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىمىدى، قىز تېخىچە شامالغا قارشى يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى، شۇ تۇرۇقىدا ئۇنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى جەرەندىنمۇ تېز ئىدى، ئەمدى ئۇنى دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئاۋاز توختىتىپ قالالمايىتتى. قىز كەينىگە قاراپمۇ قويماي يۈگۈرۈۋەردى، شۇ يۈگۈرۈشىدە پورۇقلاپ قايناپ تۇرغان ناترىي كۆلىدىن، چىرىمتاللىق يانار تاغ ئېغىزلىرىدىن ئۆتتى، ئىپتىدائىي ئۇسلۇبتا سېلىنغان ئاجايىپ چىرايلىق سۇ ئۈستى ئولتۇراق رايونلىرىنى كەينىگە تاشلىدى، دېڭىزنىڭ بۇ تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسىمۇ تۈگەپ، يەنە قاقاسلىق ئىچىگە كىرىپ كەتتى. قىز چوكا ئالتۇن تىكىلگەن جىلىتكىنى كۆتۈرگەن پېتى پۇرقىراپ ئۇچۇپ يۈرگەن قۇم- بورانلار ئارىسىدا مەڭگۈ يوقىمايدىغان قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سىڭىپ كەتتى . . .

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئېلوندىرانىڭ ھېچقانداق خەۋىرى بولمىدى، قىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەت ئۇچرىغان بەختسىزلىكىدىنمۇ ئىز قالمىدى.

                                                           1972- يىل

(خەنزۇچە «گارسىيە ماركۇز ھېكايە- پوۋېستلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى)

«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010- يىللىق 5- سانىدىن ئېلىندى

]]>
?feed=rss2&p=10216 1
ئېرنىست ھېمىڭۋاي: كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي ?p=12000 ?p=12000#respond Tue, 18 Feb 2014 05:25:30 +0000 ?p=12000 كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي

ئېرنېست ھېمىڭۋاي(ئامېرىكا)

تەرجىمە قىلغۇچى: قۇدرەت بارات

 

تۆمۈر جاھازىلىق كۆزەينەك تاقىۋالغان، كىيىملىرىنى توپا-چاڭ باسقان بىر بوۋاي يول بويىدا ئولتۇرىدۇ. دەريا ئۈستىدە بىر لەيلىمە كۆۋرۈك بار بولۇپ، چوڭ ھارۋىلار، يۈك ماشىنىلرى، ئەرلەر، ئاياللار، بالىلار بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتمەكتە. قېچىر ھارۋىلىرى ئاستا سۈرئەتتە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ئۆرىدەش يولدا دەريا ساھىلىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، ئەسكەرلەر ھارۋىنى كەينىدىن ئىتتىرىشمەكتە. يۈك ماشنىلىرى يانداپ ئۆتۈپ ھەممىنى كەينىدە قالدۇردى، بىراق، دېھقانلار تېخىچە توپا كىچىپ ئاستا ئىلگىرىلىمەكتە. بوۋاي بولسا مىدىر-سىدىر قىلماستىن يول بويىدا ئولتۇرىدۇ. ئۇ بەكلا ھېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مېڭىشنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ.

مېنىڭ ۋەزىپەم كۆۋرۈك ئارقىلىق دەريا ساھىلىغا بېرىپ، دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ نەگىچىلىك ئىلگىرىلىگىنىنى رازۋىدكا قىلىش ئىدى. ۋەزىپىنى تۈگىتىپلا كۆۋرۈك تەرەپكە قايتىپ كەلدىم. ئەمدىلىكتە بىر نەچچە ھارۋا ۋە ئازغىنە پىيادە ماڭغان كىشىلەر كۆۋرۈكتىن ئۆتمەكتە. بىراق، ھېلىقى بوۋاي يەنىلا شۇ جايىدا ئولتۇرىدۇ.

-سىز نەدىن كەلگەن؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.

-سېنت كارلوستىن،-دېدى ئۇ كۈلۈمسىرىگە ھالدا.

ئۇ يەر ئۇنىڭ يۇرتى ئىدى. شۇڭىلاشقا، ئۇ يۇرتىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشى بىلەنلا روھلىنىپ، كۈلۈمسىرىدى.

-مەن ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل،-دېدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ.

-ھە،-دېدىم مەن. ئەمما ئۇنىڭ دېگىنىنى تولۇق چۈشەنمىدىم.

-شۇنداق،-دېدى ئۇ،-مەن قېپ قېلىپ ئۆي ھايۋانلىرىىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. مەن سېنت كارلوستىن ھەممىدىن كېيىن ئايرىلغان.

ئۇنىڭ تۇرۇقىدىن پادىچىدەك كۆرۈنەتتى، ھايۋاناتلارغا قارايدىغان ئادەمگە ئوخشىمايتى. مەن ئۇنىڭ توپا-چاڭغا مىلەنگەن قارا رەڭلىك كىيىمىگە، يول ئازابى تارتقان چۈشكۈن چىرايىغا ۋە تۆمۈر جاھازىلىق كۆزەينىكىگە قارىۋېتىپ:

-قانداق ھايۋانلارغا قارايتتىڭىز؟-دەپ سورىدىم.

-ھەرخىل ئۆي ھايۋانلىرىغا،-دېدى ئۇ بېشىنى چايقاپ،-ئۇلاردىن ئايرىلمىسام ھەرگىز بولمايتى.

مەن كۆۋرۈككە، ئافرىقا تۇپرىقىغا ئوخشايدىغان ئېبرو دەريا دېلتىسىغا قاراپ، يەنە قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن دۈشمەن ئارمىيىسىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدىم. جىمجىت ھالدا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدىكى قۇچاقلاشما جەڭنىڭ شاۋقۇن-سۈرىنىنى كۈتتۈم. ھالبۇكى، بوۋاي تېخىچە شۇ يەردە ئولتۇراتتى.

-قانداق ھايۋانلار ئىدى؟-سورىدىم مەن.

-جەمئىي ئۈچ تۇياق ئىدى،-دېدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ،-ئىككىسى ئۆچكە، بىرى مۈشۈك ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆت جۈپ كەپتەرمۇ بار ئىدى.

-ئۇلاردىن چوقۇم ئايرىلىشىڭىز كېرەكمىتى؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.

-شۇنداق. توپ زەمبىرەكلەر سەۋەپلىك. ئەترەت باشلىقى توپ زەمرەك سەۋەبلىك مېنىڭ كېتىشىمنى ئېيتتى.

-سىزنىڭ ئۆيىڭىز يوقمۇ؟-كۆۋرۈكنىڭ يىراق يېرىگە قارىغاچ ئۇنىڭدىن شۇنداق سورىدىم. ئەڭ ئاخىرقى نەچچە ھارۋا دەريا ساھىلدىكى تۆپىلىكتىن بۇ تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتتى.

-يوق،-دېدى ئۇ،-بايا دېگەن ئاشۇ ھايۋاناتلىرىملا بار. مۈشۈككىغۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ. مۈشۈك دېگەن ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ، بىراق مەن باشقا ھايۋانلارنىڭ قانداق كۈنگە قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.

-سىز بىرەر پارتىيىگە تەۋەمۇ؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.

-مېنىڭ پارتىيەرىم يوق،-دېدى ئۇ،-يەتمىش ئالتە ياشقا كىرىپتىمەن. مۇشۇ يېشىمغىچە ئون ئىككى كىلومېتىر يول ماڭدىم. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭدىنممۇ يىراققا ماڭغۇچىلىكىم قالمىدى.

-بۇ ئارام ئېلىشقا ماس كېلىدىغان جاي ئەمەس،-دېدىم مەن،-ئەگەر ماڭالىسىڭىز، تاۋدۇشادىكى ئاچا يولغا بېرىڭ. ئۇ يەردە يۈك ماشىنىسى بار.

-بىردەم تۇرىۋالاي،-دېدى ئۇ،-بىر ئازدىن كېيىن ئاندىن ماڭىمەن. ئۇ يۈك ماشىنىلىرى قەيەرگە بارىدۇ؟

-بارىسلوناغا،-دېدىم مەن.

-ئۇ يەردە تونۇش-بىلىشلىرىم يوق. لېكىن سىزگە كۆپ رەھمەت. يەنە بىر قېتىم رەھمەت.

ئۇ ھەيرانلىق ئىلىكىدە ھارغىنلىق بىلەن ماڭا قارىدى. دەردىنى تۆكۈش ئارقىلىق غېمىنى پەسەيتىش ئۈچۈن مۇنداق دېدى:

-مۈشۈككە ھېچ ئىش بولمايدۇ، مەن جەزم قىلالايمەن. مۈشۈكتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق باشقىلىرى، سىز ھازىر ئۇلارنى قانداق بولىدۇ دەپ ئويلاۋاتىسىز؟

-ھە، بەلكىم ئۇلار خاتىرجەم كۈن كەچۈرۈشى مۇمكىن.

-مۇشۇنداق ئويلىدىڭىزمۇ؟

-شۇنداق،-دېدىم مەن يىراقتىكى دەريا جىلغىسىغا نەزەر سالغاچ. ئەمدىلىكتە ئۇ ياقتا بىرمۇ ھارۋا كۆرۈنمەيتى.

-بىراق، توپ-زەمبىرەكلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟ مەن توپ-زەمبىرەكلەر سەۋەبلىك كېتىشكە بۇيرۇلغان.

-كەپتەرخانىنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلىمىدىڭىزمۇ؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.

-ھەئە.

-ئۇنداقتا ئۇلار ئۇچۇپ چىقىپ كېتىدۇ.

-شۇنداق. ئۇلار چوقۇم ئۇچۇپ چىكىتىدۇ. بىراق باشقىلىرىچۇ، ئەڭ ياخشىسى باشقىلىرىنى ئويلىمىغان تۈزۈك.

-ئارام ئېلىپ بولغان بولسىڭىز مەن ئەمدى ماڭاي،-دېدىم ئۇنى ئالدىرىتىپ،-ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ مېڭپ بېقىڭ.

-رەھمەت سىزگە،-ئۇ شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭ جىسمى ئۇياق-بۇياققا سەنتۈرۈلدى. ئارقىدىنلا توپىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋالدى.

-مەن مال-چارۋىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتىم،-دېدى ئۇ ماڭا قارىماستىن روھسىز ھالدا،-مەن پەقەت مال-چارۋىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتىم.

ئۇنىڭغا نىسبەتەن قىلىدىغانغا ھېچ ئىش قالمىغان ئىدى. بۇ تىرىلىش بايرىمىنىڭ يەكشەنبەكۈنى بولسىمۇ، فاشىستلار ئېبروغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. بۇ ھاۋا بەكلا تۇتۇق بىر كۈن ئىدى. بۇلۇت قاتلىمى تۆۋەنگە ئولتۇرۇشقانلىقتىن، فاشىستلارنىڭ ئايروپىلانلىرى ئۇچالمىدى. بۇ ھال ۋە مۈشۈكنىڭ ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغانلىقى بوۋاينىڭ تەلەيلىكلىكىدىن بولغان ئىدى.

«نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ مىكرو ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

بۇ ھېكايە «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2014- يىللىق 2- ساندا ئېلان قىلىنغان

]]>
?feed=rss2&p=12000 0
ھېمىڭۋاي: ئىندىئانلار لاگېرى ?p=11786 ?p=11786#respond Thu, 19 Sep 2013 05:43:11 +0000 ?p=11786 ئىندىئانلار لاگېرى

ئېرنېسېت ھېمىڭۋاي (ئامېرىكا)

ئوسمانجان مۇھەممەد تەرجىمىسى

بىر كېمە كۆل بويىغا توختىتىلىپ قويۇلغانىدى، ئىككى ئىندىئان ئۇ يەردە كېمىگە چۈشىدىغان ئادەملەرنى ساقلاپ تۇرۇۋاتاتتى. نىك ئاتىسى بىلەن كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىگە چىقتى، ئىككى ئىندىئان كېمىنى سۇغا ئىتتىردى، ئۇلارنىڭ بىرى كېمىگە سەكرەپ چىقىپ كېمىنى سۇغا ئىتتىردى، ئۇلارنىڭ بىرى كېمىگە سەكرەپ چىقىپ كېمىنى ھەيدەشكە باشلىدى. جورجى تاغا ئارقىدىكى كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىگە چىقتى، يەنە بىر ياش ئىندىئان كېمىنى سۇغا ئىتتىرگەندىن كېيىن كېمىگە سەكرەپ چىقىپ پالاق ئۇرۇشقا باشلىدى.

ئىككى كېمە قاراڭغۇدا كېتىۋاتاتتى. نىك قويۇق تۇماندا يەنە بىر كېمىنىڭ پالاق ئۇرغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئاۋاز ئالدى تەرەپتىكى يىراق يەردىن كېلىۋاتاتتى. ئىككى ئىندىئان ئالدىراش پالاق ئۇراتتى. نىك كېمىدە ياتتى، ئاتىسى ئۇنى بىلىكى بىلەن قۇچاقلىۋالدى. كۆل يۈزى تولىمۇ سوغۇق ئىدى، ئۇلارنىڭ كېمىسىدىكى ئىندىئان كېمىنى ناھايىتى كۈچەپ ھەيدەۋاتاتتتى. لېكىن يەنە بىر كېمە تۇمابن ئىچىدە ئىزچىل ئالدىدا كېتىۋاتاتتى، يەنە كېلىپ بارغانسېرى ئۇزاپ كېتىۋاتاتتى.

− بىز نەگە بارىمىز، دادا؟ دەپ سورىدى نىك.

− ئىندىئانلار لاگېرىغا بارىمىز. ئۇ يەردە بىر ئىندىئان ئايال ئېغىر كېسەل بولۇپ قاپتۇ.

− ھە!

ئۇلار دەريا ئەگمىسىنىڭ قارشى قىرغىقىغا كەلگەندە يەنە بىر كېمىنىڭ دەريا ساھىلىغا كېلىپ بولغانلىقىنى بايقىدى. جورجى تاغا قاراڭغۇدا سىگارت چېكىۋاتاتتى. ھېلىقى ياش ئىندىئان كېمىنى ساھىلغا تارتىپ چىقاردى. جورجى تاغا سىگارتنى ئىككى ئىندىئانغا بۆلۈپ بەردى. ياش ئىندىئان پانۇس كۆتۈرگىنىچە ئۇلارنى باشلاپ ساھىلدىن ئۈستىگە قاراپ مېڭىپ شەبنەمدە ھۆل بولۇپ كەتكەن ئوتلاقنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئورمانلىققا كىرىپ بىر چىغىر يولنى بويلاپ ماڭدى. بۇ چىغىر يول ياغاچ كېسىغان بىر چوڭ يولغا تۇتىشاتتى. بۇ چوڭ يول ئۇدۇل توقايلىق تەرەپكە بېرىپ قايرىلاتتى. ئىككى تەرەپتىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى كېسىۋېتىلگەچكە چوڭ يول خېلى يورۇق كۆرۈنەتتى. بۇ چاغدا ھېلىقى ياش ئىندىئان مېڭىشىدىن توختاپ پانۇسنى ئۆچۈردى، ھەممەيلەن چوڭ يولنى بويلاپ مېڭىپ كەتتى.

ئۇلار بىر ئەگمىدىن ئۆتۈشىگە، بىر ئىت قاۋىغىنىچە يۈگۈرۈپ چىقتى. ئالدى تەرەپتىكى قوۋزاق سويىدىغان ئىندىئاننىڭ لاپىسىدىن چىراغ نۇرى چېچىلىپ تۇراتتى. يەنە بىر نەچچە ئىت ئۇلارغا ئېتىلىپ كەلدى. ئىككى ئىندىئان ئۇ ئىتلارنى لاپاسقا قوغلىۋەتتى. چوڭ يولغا ئەڭ يېقىن لاپاسنىڭ دېرىزىسىدىن چىراغ نۇرى چېچىلاتتى. ياشانغان بىر ئايال پانۇس كۆتۈرگىنىچە ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى.

ئۆيدىكى ياغاچ كارىۋاتتا ياش بىر ئىندىئان ئايال ياتاتتى. ئۇ دەل تۇغۇت ئۈستىدە ئىدى. ئىككى كۈننىڭياقى بالا تۇغۇلمايۋاتاتتى. لاگېردىكى ياشانغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئايالغا ياردەملەشتى. جىمى ئەرلەر يولغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى، ئايالنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدىغان يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، سىگارت چېكىشتى. نىك بىلەن ئىككى ئىندىئان نىكنىڭ دادىسى بىلەن جورجى تاغىغا ئەگىشىپ لاپاسقا كىرگەندە، ئايال تولغاق ئازابىدىن قاتتىق ۋارقىراۋاتاتتى. ئايال ئىككى قەۋەت كارىۋاتىڭ ئاستى قەۋىتىدە يوتقانغا يۆگەنگىنىچە ياتاتتى، قارىماققا بەستلىك كۆرۈنەتتى. ئۇ بېشىنى بىر تەرەپكە قىلىۋالغانىدى. كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە ئۇنىڭ ئېرى ياتاتتى. ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئۇنىڭ پۇتىنى پالتا كېسىۋېتىپ ئېغىر يارىلانغانىدى. ئۇ سىگارت چېكىۋاتقاچقا ئۆي ئىچى دۈتكە تولۇپ كەتكەنىدى.

نىكنىڭ دادىسى بىرەيلەننى ئوچاقتا سۇ ئىسسىتىشقا بۇيرۇدى. سۇ ئىسسىۋاتقاندا ئۇ نىكقا:

− بۇ خانىم تۇغماقچى، نىك، دېدى.

− بىلىمەن،-دېدى نىك.

− سەن بىلمەيسەن،-دېدى دادىسى، گېپىمگە قۇلاق سال، ئۇنىڭ ھازىر بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان جەريانى يەڭگىش دەپ ئاتىلىدۇ. بالا تۇغۇلماقچى، ئۇمۇ بالىنى تۇغسام دەيدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى مۇسكۇللىرى بالىنى تۇغۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بايا قاتتىق ۋارقىرىشىدىكى سەۋەب مۇشۇ.

− بىلدىم،-دېدى نىك.

دەل شۇ ئەسنادا ئۇ ئايال يەنە ۋارقىراپ كەتتى.

− ھەي دادا، سەن ئۇنىڭغا ئازراق دورا بەرسەڭ بولامدۇ؟-دەپ سورىدى نىك،-شۇنداق قىلساڭ ۋارقىراپ كەتمەستى.

− بولمايدۇ، مەن ناركوز دورىسى ئەكەلمىدىم،-دېدى.
    دادىسى،-كېرەك يوق، ئۇ ۋارقىرىسا ۋارقىراۋەرسۇن، مەن ئاڭلىيالمايمەن، چۈنكى ئۇنىڭ ۋارقىراش-ۋاقىرىماسلىقى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز. 

ئايالنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئېرى يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ يېتىۋالغان ئىدى.

ئاشخانىدىكى ئايال دوختۇرغا سۇ ئىسسىدى، دەپ قول ئىشارىسى قىلدى. نىكنىڭ دادىسى ئاشخانىغا كىرىپ، چوڭ چۆگۈندىكى سۇنىڭ يېرىمىنى داسقا قويدى، ئاندىن قولياغلىقنى    يېشىپ ئىچىدىن بىر نەچچە تال نەرسىنى ئېلىپ چۆگۈندىكى سۇغا سالدى.

− بۇلارنى قاينىتايلى،-دېدى ئۇ، ئاندىن لاگېردىن ئېلىپ كەلگەن بىر پارچە سوپۇن بىلەن داستىكى ئىسسىق سۇدا قولىنى يۇدى. نىك دادىسىنىڭ قوللىرىنى بىر-بىرىگە سۈركەپ، سوپۇنداپ يۇغانلىقىغا قاراپ تۇردى. دادىسى قولىنى تۈجۈپىلەپ يۇغاچ دېدى:

− قارا نىك، قائىدە بويىچە ئالدى بىلەن بالىنىڭ بېشى چىقىدۇ، ئەمما بەزىدە بۇنداق بولمايدۇ. ئەگەر بالىنىڭ بېشى ئاۋۋال چىقمىسا ئادەمگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىدۇ. مەن بۇ خانىمنى ئوپېراتسىيە قىلىشىم مۇمكىن. بىز بىر ئازدىن كېيىن بىلىمىز.

ئۇ دوختۇر قولىنى پاك-پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئايالنى تۇغدۇرۇش ئۈچۈن لاپاسقا كىردى.

− يوتقاننى قايرىۋەت، بولامدۇ جورجى،-دېدى ئۇ،-مەن ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا تەگمەي.

دوختۇر بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ئايالنى ئوپېراتسىيە قىلدى. جورجى تاغا بىلەن ئۈچ ئىندىئان ئەر ئۇ ئايالنى بېسىپ تۇرۇپ مىدىرلاتقۇزمىدى. ئايال جورجى تاغىنىڭ بىلىكىنى چىشلىۋالدى. جورجى تاغا: »ھۇ، ئۆلگۈر ئىندىئان قانجۇقى!« دېدى. جورجى تاغىغا كېمە ھەيدەپ بەرگەن ياش ئىندىئان ئۇنىڭغا كۈلۈپ قويدى. نىك دادىسىغا داسنى تۇتۇپ بەردى، ئوپېراتسىيە بەكمۇ ئۇزاققا سوزۇلدى. نىكنىڭ دادىسى ئاخىر بالىنى ئېلىپ پەپىلەپ قويۇۋىدى، بالا تىن ئېلىشقا باشلىدى. كېيىن ئۇ بالىنى ھېلىقى ياشانغان ئايالغا بەردى.

− قارا نىك، ئوغۇلكەن، دېدى ئۇ،-ھەي پراكتىكانت دوختۇر، قانداق تۇيغۇغا كەلدىڭ؟

− ھەر ھالدا بولىدۇ،-دېدى نىك. ئۇ دادىسىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراشقا جۈرئەت قىلالماي بېشىنى باشقا ياققا بۇرۇۋالدى.

− مۇشۇ يەردە، ئەمدى بولدى. ئۇ شۇنداق دېگەچ قانداقتۇر بىر نەرسىنى داسقا سالدى.

نىك ئۇنىڭغا قارىمىدى.

− ئەمدى،-دېدى دادىسى. ئوپېراتسىيە قىلىنغان يەرنى تىكىدىغان گەپ. كۆرسەڭمۇ، كۆرمىسەڭمۇ بولىدۇ، ئىختىيار ئۆزۈڭدە مەن كەسكەن يەرنى تىكىۋېتەي.

نىك قارىمىدى، ئۇنىڭ ھەيرانلىقى ئاللىقاياقلارغا يوقالغان ئىدى.

ئاتىسى يارا ئېغىزىنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇردى. جورجى تاغا بىلەن ئۈچ ئىندىئان ئەرمۇ ئورنىدىن تۇردى. نىك داسنى ئاشخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى.

جورجى تاغا بىلىكىگە قارىدى. ھېلىقى ياش ئىندىئان ئەر نېمىنى ئويلىدىكىن يەنە كۈلۈپ قويدى.

مەن ياراڭغا ئازراق ھىدروگىن پىروكسىد ئېرىتمىسى سۈرتۈپ قوياي، جورجى،-دېدى دوختۇر.

ئۇ ئىندىئان ئايال تەرەپكە ئېڭىشتى. ئايال ھازىر تىنچلىنىپ، كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋالغانىدى. ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى. ئايال بالىنىڭ قانداق بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى، ئۇنىڭ ھېچنېمىدىن خەۋىرى يوق ئىدى.

مەن سەھەردە قايتىمەن،-دېدى دوختۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، چۈشتە سېن ئىنگىسدىن سېسترا كېلىدۇ. ئۇ بىزگە لازىملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

شۇ تاپتا ئۇ تولىمۇ كۆرەڭ ئىدى، توختىماي سۆزلەيتتى، خۇددى بىر مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن پۇتبولچىلار كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە سۆزلەشكەندەك كۈچەپ سۆزلەيتتى.

− بۇ ئوپېراتسىيە ئەھۋالى تېببىي ژۇرنالغا بېسىلسا بولىدۇ جورجى، دېدى ئۇ،-بىر دانە ئەگرى پىچاق بىلەن بالا ئېلىش ئوپېراتسىيىسى قىلىندى، توققۇز ئىنگلىز چىسى ئۇزۇنلۇقىدىكى ئۇچلۇق ئۈچەي يىپ بىلەن يامالدى.

جورجى تاغا تامغا يۆلەنگىنىچە بىلىكىگە قاراپ تۇراتتى.

− ئوھوي، سەن راستتىنلا ئۇلۇغ ئادەمكەنسەن، ھەقىقەتەن قالتىسكەنسەن،-دېدى ئۇ.
− ئەمدى ئاۋۇ مەغرۇر دادىغا قاراڭلار، ئۇلار ھەمىشە مۇشۇنداق ئۇششاق ئىشلارنى دەپ بەك ئازابلىنىدۇ،-دېدى دوختۇر،-مېنىڭچە ئۇ بەك تەمكىن ئادەمكەن.

ئۇ ئىندىئان ئەرنىڭ بېشىغا يۆگىۋالغان ئەديالىنى قايرىۋەتتى ۋە دەرھال قولىنى تارتىۋالدى، ئەديال چۆپ سۈزمە بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ ئاستىنقى كارىۋاتنىڭ گىرۋىكىگە دەسسەپ تۇرۇپ… بىر قولىدا چىراغنى تۇتقىنىچە ئۈستۈنكى قەۋەتكە قارىدى. ھېلىقى ئىندىئان چىرايىنى تام تەرەپكە قىلىپ يېتىۋالغانىدى. ئۇنىڭ كىكىردىكىدىن قۇلىقىغىچە كېسىلىپ ئاغزى ئېچىلىپ قالغانىدى. ئىسسىق قان كارىۋاتنى بىر ئالغان، ئۇنىڭ بەدىنى قانغا مىلىنىپ كەتكەنىدى. ياستۇقى سول قولىدا تۇراتتى، ئاغزى ئوچۇق بىر ئۇسترا بىسى ئۈستىگە قارىغان ھالەتتە ئەديالدا تۇراتتى.

− نىكنى لاپاسنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كەت جورجى،-دېدى دوختۇر.

بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. نىك ئاشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇراتتى، دادىسى بىر قولىدا چىراغنى كۆتۈرۈپ، يەنە بىر قولىدا ئۇ ئىندىئاننىڭ بېشىنى بوش ئىتتىردى، شۇ چاغدا نىك ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئەھۋالنى ئېنىق كۆردى.

ئۇلار ياغاچ كېسىدىغان يەرگە بارىدىغان چوڭ يولنى بويلاپ كۆل تەرەپكە كېتىۋاتقاندا تاڭ ئەمدىلا يورىغانىدى.

− نىك، مەن پۇشايمان قىلىپ قالدىم، ئەسلىدە سېنى ئەكەلمىسەم بوپتىكەن،-دېدى دادىسى. ھازىر ئۇنىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى خۇشاللىقىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، مەن بۇلارنى ساڭا كۆرسەتمىسەم بوپتىكەن، چاتاق ئىش قىپتىمەن.

− ئاياللار تۇغىدىغان چاغدا مۇشۇنداق ئازابلىنامدۇ؟-سورىدى نىك.

− ياق، ئۇنداق ئەمەس، بۇ ئايرىم ئەھۋال.

− ئۇ نېمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندۇ، دادا؟

− مەن بىلمىدىم، نىك. مېنىڭچە ئۇ بەرداشلىق بېرەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن.

− نۇرغۇن ئەرلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالامدۇ، دادا؟

− ئۇنداقلار كۆپ ئەمەس، نىك.

− ئاياللارچۇ، ئۇلار كۆپمۇ؟

− ئىنتايىن ئاز.

− زادى بارمۇ-يوق؟

− ھە، بار، بەزى چاغلاردا بار.

− دادا؟

− ھە.

− جورجى تاغام نەگە كەتتى؟

− ئۇ قايتىپ كېلىدۇ، ھېچ ئىش يوق.

− ئۆلۈش تەسمۇ-ئاسانمۇ؟

− ياق. مېنىڭچە بەك ئاسانمىكىن نىك. بۇنىڭدا ئەھۋالغا قاراشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇلار كېمىگە ئولتۇردى، نىك كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ئىدى، دادىسى كېمىگە پالاق ئۇردى. قۇياش توقايلىقتىن كۆتۈرۈلدى. بىر باسس بېلىقى سۇدىن سەكرەپ چىقىۋېدى، سۇ يۈزىدە چەمبىرەك پەيدا بولدى. نىك قولىنى سوزۇپ سۇغا تىقتى، سۇ يۈزىدە دولقۇنسىمان سىزىق پەيدا بولدى. سەھەر خېلى سوغۇق بولسىمۇ، ئەمما كۆل سۈيى ھەر ھالدا ئىللىق ئىدى.

بۈگۈن ئەتىگەنكى كۆل يۈزىدە، نىك كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى، دادىسى كېمە ھەيدەۋاتاتتى. نىك كەسكىن ھالدا مەن مەڭگۈ ئۆلمەيمەن، دەپ جەزىملەشتۈردى.

(خەنزۇچە «دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ھېكايىكلەر» ناملىق كىتابتىن)

بۇ ھېكايە «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان

]]>
?feed=rss2&p=11786 0
كافكا: ئوۋچى خوراس ?p=11505 ?p=11505#respond Tue, 19 Mar 2013 08:54:20 +0000 ?p=11505 ئوۋچى خوراس

كافكا (ئاۋىستىرىيە)

ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى

تەرجىماندىن: «ئوۋچى خوراس» 1917-يىلنىڭ بېشىدا يېزىلغان. 1931-يىلى ئېلان قىلىنغان. نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئوۋچى رولسىز كېمىدە يېتىپ، مەلۇم بىر شەھەرگە ئېقىپ كېلىپ قالىدۇ، ئوۋچى شەھەر باشلىقىنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا نائىل بولىدۇ ۋە شەھەر باشلىقى بىلەن سەمىمى سۆھبەتلىشىدۇ. كېيىن ئوۋچى يەنە ھالاكەتنىڭ تېرەن تەكتىگە قاراپ ئۇچقۇرتىۋاتقان شامال يۆلۈنىشىگە ئەگىشىپ يۈرۈيدۇ… ئەسەردە بۇ دۇنيانىڭ بىمەنە، تېتىقسىزلىقى، ئۆلۈمنىڭ ھاياتلىققا، ھاياتلىقنىڭ ئۆلۈمگە ئوخشىمايدىغانلىقىدەك دۇنيا قاراش بىلەن كىشىلىك قاراش بايان قىلىنغان. ئوۋچى:  ئۆزۈم «مەلۇم جەھەتىدىن ھايات ياشاۋاتىمەن، چۈنكى مېنىڭ جەسىدىمنى ئەكىتىۋاتقان كېمە ئادىشىپ قالدى… مەن ئۆلگەندىن كېيىن… دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدە سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرۈيمەن» دەيدۇ. ئەمەلدە بۇ كافكانىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ناماياندىسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسەردە يەنە يازغۇچى قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمىغان غېرىبلىق تۇيغۇسىنى بايان قىلغان. مەسىلەن: «پۈتكۈل دۇنيا خۇددى تۈن قوينىغا چۆكۈپ كەتكەن چوڭ مېھمانسارايغا ئوخشايدۇ»، «ھېچكىممۇ ماڭا ھەمدەم بولمايدۇ» دېگەندەك ئىدىيە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

ئىككى ئوغۇل بالا پىرىستاننىڭ پاكار تېمىغا مىنىۋېلىپ شىشىخال ئويناۋاتاتتى. خاتىرە تېشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى تاش پەلەمپەيدە بىر ئەر كىشى ئولتۇرغىنىچە گېزىت كۆرۈۋاتاتتى. قولىدا قېلىچ تۇتىۋالغان قەھرىماننىڭ تاش ھەيكىلى تاش پەلەمپەيگە سايە تاشلاپ تۇراتتى. بىر قىز قۇدۇقدىن چېلىكىگە سۇ ئېلىۋاتاتتى. باققال مال دۆۋىسىنىڭ يېنىدا يانپاچلانغىنىچە كۆزلىرىنىڭ قۇيرۇقىدا كۆلگە قارايىتتى. ئەينەك ئىشىك بىلەن دېرىزىدىن قەھۋەخانىدا قەھۋە ئىچىۋاتقان ئىككى ئەرنى كۆرگىلى بولاتتى. شىرە يېنىدا ئولتۇرغان قەھۋەخانا خوجايىنىنى مۈگدەك باسقانىدى. شۇ ئەسنادا كۆلدە يەڭگىل كېلىۋاتقان بىر كېمە كىچىك بىر پىرىستانغا شەپىسىز كىرىپ كەلدى. كېمىدىن ھاۋارەڭ كاستىيۇم كەيگەن بىر ئادەم چۈشۈپ، كېمىنىڭ لەنگىرىنى قىرغاق يېنىدىكى تۆمۈر ھالقىغا ئۆتكۈزدى. كۈمۈش تۈگمىلىك قارا كاستىيۇم كېيىۋالغان ئىككى ئادەم بىر نوسۇلكىنى كۆتۈرگىنىچە كېمە خوجايىنغا ئەگىشىپ قىرغاققا چىقتى. نوسۇلكىغا چۇچۇلۇق تاۋار يۇپۇق يېپىپ قويۇلغانىدى، يوپۇق ئاستىدا بىر ئادەمنىڭ ياتقانلىقى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

پىرىستاندا يېڭى كەلگەن بۇ ئادەمگە ھېچكىم دىققەت قىلمىدى . ھەتتا نوسۇلكىنى قويۇپ خوجايىننڭ لەنگىرىنى باغلاپ بولۇپ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چاغدىمۇ بىرەر ئادەم كېلىپ ئۇلاردىن ئەھۋال سورىمىدى، ئۇلارغا ئوبدانراق قاراپمۇ قويمىدى.

چاچلىرى سالۋاراپ كەتكەن بىر ئايال ئەمچەكتىكى بالىسىنى كۆتۈرگىنىچە كېمە بۆلىمىسىدىن چىقتى. كېمە خوجايىنى ئۇ ئايالغا بىردەمدىن كېيىن سول تەرەپتىكى كۆل بويىغا جايلاشقان ئۈچ قەۋەتلىك سېرىق بىناغا چىقىڭ،دېدى. ھېلىقى ئىككى ئەر نوسۇلكىنى كۆتۈرۈپ پاكار، تۈز، يۇمىلاق تۈۋرۈكلەر تېرەپ تۇرغان دەرۋازىدىن ئۆتتى. بىر بالا دېرىزىنى ئېچىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ بىناغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن بالا شۇ زامان دېرىزىنى ياپتى. دۇپ دەرىخىدىن تۈجۈپلەپ ياسالغان قارا دەرۋازىمۇ ئوخشاشلا ھىم يېپىلدى. سائەت بىناسىنى ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈرگەن كەپتەرلەر بىنا ئالدىغا قونۇشتى. بىنا دەرۋازىسى سىرتىغا نۇرغۇن كەپتەر يىغىلىۋېلىشقانىدى. بۇ كەپتەرلەر ئارىسىدىن بىر كەپتەر ئىككىنچى قەۋەتكە ئۇچۇپ چىقىپ، بىنا ئىچىدە ساقلاپ قويغان يەم باردىكىدەك بىنانىڭ ئەينەكلىك دېرىزىسىنى تۇمۇشۇقى بىلەن چوقۇلىدى. بۇ كەپتەرلەر ياخشى بېقىلغاچقا پەيلىرى پارقىراپ تۇراتتى، تولىمۇ جۇشقۇنىدى. كېمىدىكى ئايال كەپتەرلەرگە دان تاشلاپ بەردى، كەپتەرلەر يەردىكى دانلارنى يەپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئايالغا قاراپ ئۇچۇپ بېرىشتى.

پىرىستانغا بارىدىغان يوللار تار ھەم تىك ئىدى، مۇشۇ يوللارنىڭ بىرىدىن بېشىغا پۆپۈكلۈك شىلەپە كېيىۋالغان بىر پوپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئۇياق-بۇياقلارغا قارايىتتى، ھەممە ئىشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى، ئۇ تامنىڭ بولۇڭىدىكى ئەخلەت دۆۋىسىنى كۆرۈپ چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈردى. ئۇ خاتىرە تېشىنىڭ ئالدىدىكى تاش پەلەمپەي ئالدىغا بېرىپ ھاسسىنىڭ ئۇچى بىلەن مىۋە شۆپۈگىنى سانجىپ ئالدى. ئۇ ئۆينىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشىكنى چەككەچ بېشىدىن شىلەپسىنى ئالدى، ئۇ قوللىرىغا قارا پەلەي كېيىۋالغانىدى. ئىشىك ئېچىلدى، كارىدۇردا ئەللىكدەك ئوغۇل بالا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا تەۋەززۇ بىلەن سالام قىلدى.

كېمە خوجايىنىمۇ ئۈستۈنكى قەۋەتتىن چۈشۈپ پوپنى قارشى ئالدى، ئۇنى بىنا ئۈستىگە باشلاپ چىقتى. ئۇلار ئىككىنچى قەۋەتتىكى سەلتەنەتلىك ياسالغان بالكۇننى بويلاپ، بىنا ئىچىدىكى كىچىك تۆنۈكنى بىر ئايلىنىپ چىقتى، كېيىن ئۇلار بىنانىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى سالقىن، ئازادە بىر ئۆيگە كىردى؛ ئۆينىڭ ئارقا دېرىزىسى قارامتۇل تاش تامغا قاراپ تۇراتتى، بۇ تاش تامدا ھېچقانداق نەرسە يوقىدى. بۇ يەردە بۇ ئۆيدىن باشقا ئۆيمۇ يوقىدى. بالىلار پوپ بىلەن كېمە خوجايىنىنىڭ ئارقىسىدىن ئارىلىق قالدۇرۇپ ماڭدى، ئۇلارغا ھۆرمەت تۇيغۇسىدا بولدى، بۇ چاغدا ھېلىقى نوسۇلكا كۆتۈرگەن ئىككى ئادەم نوسۇلكا قويغان يەرگە (نوسۇلكىنىڭ باش تەرىپىگە) شام قاداپ تۇتاشتۇرىۋاتاتتى. ئەمما شام ئانچە يورۇق يۇرۇمىدى. پەقەت بايا جىم تۇرغان كۆلەڭگۈ قورقۇپ تاقلاپ كەتتى، تام ئۈستىدە تىتىرىگىنىچە ئىرغاڭشىدى. نوسۇلكا ئۈستىدىكى تاۋار يوپۇق ئېلىۋېتىلدى، نوسۇلكىدا ساقال-بۇرۇتلىرى يەشكىلى بولمايدىغان يىڭلە يىپدەك چىگمەكلىشىپ كەتكەن، بۇغداي ئۆڭ بىر ئەر ياتاتتى، قارىماققا ئۇ ئوۋچىدەك قىلاتتى. ئۇ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغىنىچە ياتاتتى، ئۇنىڭدا ھاياتلىقدىن ئەسەر باردەك قىلمايىتتى؛ ئەتتىراپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش كىشىلەرگە بۇنىڭ بىر جەسەد ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەتتى.

پوپ نوسۇلكا يېنىغا كېلىپ، نوسۇلكىدا ياتقان ئادەمنىڭ پىشانىسىنى سىلىدى، كېيىن يۈكۈنۈپ ئولتۇرغىنىچە تىلاۋەت قىلدى. كېمە خوجايىنى نوسۇلكا كۆتۈرگەن ئىككى ئادەمنى ئۆيدىن چىقىپ كېتىڭلار، دەپ ئىشارە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆيدىن چىقىپ، سىرتتا بىر-بىرىنى قىستىشىپ تۇرغان بالىلارنى ھەيدىۋېتىپ ئىشىكنى تاقىۋالدى. پوپ بۇنىڭدىن ھېلىھەم نارازى بولغاندەك كېمە خوجايىنىغا ئالىيىپ قارىدى. كېمە خوجايىنى ئۇنىڭ خىيالىنى چۈشەندى، يان تەرەپتىكى ئىشىكتىن چىقىپ يەنە يان تەرەپتىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن نوسۇلكىدا ياتقان ئادەم شۇ زامان كۆزۈنى ئاچتى-دە، ئاچچىق كۈلگىنىچە پوپقا يۈزلەندى ۋە :

-سىز كىم بولىسىز؟-دەپ سورىدى.

-پېقىر ①رىۋا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولىمەن.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

①رىۋا شەھىرى ئىتالىيىنىڭ كىچىك بىر شەھىرى بولۇپ، كاردا كۆلىنىڭ بويىغا جايلاشقان، دۇنيا بويىچە مەشھۇر ساناتورىيە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

نوسۇلكىدىكى ئادەم بېشىنى لىڭىشىتتى، دەرمانسىزلىق بىلەن ئورۇندۇقنى كۆرسەتتى، شەھەر باشلىقى ئۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئولتۇردى. كېيىن ئۇ يەنە:

-مەن بورۇنلا بىلگەنىدىم، جانابى شەھەر باشلىقى، مەن ھەمىشە كېلىشىم بىلەنلا ئەتتىراپىمدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالىمەن. شۇڭا ھەممە ئىشىدىن خەۋىرىم بولسىمۇ يەنە سوراپ باققىنىم تۈزۈك دەپ ئويلايمەن. بەلكىم سىز مېنىڭ ئوۋچى خۇراس ئىكەنلىكىمنى بىلگەنسىز-دېدى.

-ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە بىلدىم، -دېدى شەھەر باشلىقى،-مەن تۆنۈگۈن كېچە سىزنىڭ كېلىدىغانلىقىڭىزدىن خەۋەر تاپقانىدىم. بىز شۇ كۈنى ئاخشىمى بالدۇرلا ئۇخلىغانىدۇق. يېرىم كېچە بولغاندا ئايالىم تۇيۇقسىز مېنى چاقىرىپ ئويغاتتى؛ سارۋادو-بۇ مېنىڭ ئىسىمىم-قاراڭ دېرىزىدە كەپتەر تۇرىدۇ! دېدى. قارىسام دېگەندەك دېرىزىدە خورازدەك چوڭ بىر كەپتەر تۇرىدۇ. كەپتەر قولىقىم يېنىغا ئۇچۇپ كېلىپ: تۈگەپ كەتكەن ئوۋچى خوراس ئەتە قايتىپ كېلىدۇ، سەن پۈتۈن شەھەرنىڭ نامى بىلەن ئۇنى كۈتىۋال، دېدى.

ئوۋچى بېشىنى لىڭشىتتى، ئۇنىڭ تىلى لەۋلىرى ئوتتۇرسىدا مىدىرلىدى:

-شۇنداق، كەپتەر مەندىن بۇرۇن ئۇچۇپ كەپتۇ. ئەمما جانابى شەھەر باشلىقى سىزچە مەن رىۋا شەھىرىدە قالامدىمەن؟

-بۇنىڭغا مەن بىر نەرسە دېيەلمەيمەن،-دېدى جاۋابەن شەھەر باشلىقى،-سىز راستىنلا ئۆلۈپ كەتكەنمۇ؟

-ئۆلۈپ كەتكەن،-دېدى ئوۋچى،-خۇددى سىز كۆرگەندەك، نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن، بەلكىم بۇ نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىكى ئىشلار بولسا كېرەك.

مەن شىۋارتىس ۋالدىنىڭ- گېرمانىيىنىڭ بىر جايى-بىر يېرىدىكى ياردىن چۈشۈپ كەتتىم. ئۇ چاغدا مەن بىر بۆكەننى قوغلاپ كېتىۋاتاتتىم. مەن ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ ئۆلۈشكە باشلىغانىدىم.

-ئەمما سىز ھېلىھەم ھايات تۇرىسىزغۇ؟-دەپ سورىدى شەھەر باشلىقى.

-مەلۇم جەھەتىدىن شۇنداق دېىيشىكە بولىدۇ،-دېدى جاۋابەت ئوۋچى،-مەلۇم جەھەتىدىن مەن ھېلىھەم ھايات ياشاۋاتىمەن. چۈنكى مېنىڭ جەسىدىمنى ئەكىتىۋاتقان كېمە نىشاندىن ئادىشىپ قالدى. بەلكىم كېمىچى رولنى خاتا باشقۇرۇپ قويغان، كېمە خوجايىنى بىر مەھەل دىققەت قىلمىغان ياكى يۇرتۇمنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئۇنىڭ دىققەت ئېتبارىنى بۆلۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئىش قىلىپ مەن بۇنىڭ زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن؛ مەن پەقەت بىرلا نوقتىنى يەنى ئۆزۈمنىڭ ئىنسانلار دۇنياسىدا قالغانلىقىمنى بىلىمەن. شۇنىڭدىن كېيىن كېمەم پانى ئالەمنىڭ دەريا-ئۆستەڭلەردە توختاۋسىز يۈردى. شۇنىڭ بىلەن مەندەك تاغلىق رايوندا ياشىغان بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن جاھاننىڭ ھەممە يەرلىرىدە سەرسان-سەرگەردان بولۇشقا رازى بولدۇم.

-ئەجەبا سىزنىڭ جەننەتتىن تەلىيىڭىز يوقمىدۇ؟-دەپ سورىدى شەھەر باشلىقى قوشۇمىنى تۈرۈپ.

-مەن،-دەپ جاۋاپ بەردى ئوۋچى،-مەن ھەمىشە جەننەتكە بارىدىغان يولنىڭ پەلەمپىيىدە تۇرىۋاتىمەن. مەن ئاشۇ ئۇچۇقچۇلۇقدىكى ئەزىم پەلەمپەيدە دىلغۇل بولۇپ يۈرۈيمەن. بىرلىرىدە ئۆرلىسەم، بىرلىرىدە پەسلەيمەن. بىرلىرىدە ئوڭغا ماڭسام، بىرلىرىدە سولغا ماڭىمەن. ئىزچىل ھەرىكەت قوينىدا تۇرىمەن. مەن بىر ئوۋچىدىن بىر كېپىنەككە ئايلىنىپ قالدىم. مېنى مازاق قىلماڭ!

-سىزنى مازاق قىلىۋاتقىنىم يوق،-دېدى شەھەر باشلىقى ئۆزۈنى ئاقلاپ.

-ئۇنداق بولسا ياخشى،-دېدى ئوۋچى،-مەن توختاۋسىز ھەرىكەت قىلىمەن. ھەر قېتىم كۆزلىرىمنى ئېچىپ ھەدەپ يوقۇرىغا ئۆرلەۋاتقان جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ماڭا نۇر چېچىۋاتقان دەملەردە يەنە ئاشۇ ۋەيرانە كېمە ئۈستىدە ئويغىنىپ كېتىمەن. ئۆزۈمنىڭ ھېلىھەم بۇ دۇنيانىڭ مەلۇم بىر قاقاس دەرياسىدا تۇرىۋاتقانلىقىمنى، شۇ قېتىمقى ئۆلۈمىمنىڭ بىر كۈلكىلىك خاتالىق ئىكەنلىكىنى بايقايمەن. كېمە خوجايىنىنىڭ ئايالى يورىيا ئىشىكنى چېكىپ كىرىپ نوسۇلكىنىڭ يېنىغا ناشتىلىق ئەكەپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن كېمىمىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقان دۆلەتتە ئالاھىدە ئىشلەنگەن بىرخىل ئىچىملىك ئىچىشكە مالىك بولىمەن. مەن بىر شال ئۈستىدە ياتتىم، بەدىنىمنى مەينەت ئاخىرەتلىك بىلەن ئوراپ قويدى، ئاق سانچىغان قارا چاچلىرىم بىلەن ساقال-بۇرۇتلىرىم قالايمىقانلىشىپ كەتكەنىدى-مېنىڭ بۇ سىياقىمنى كۆرگەن ئادەمنىڭ قۇسقۇسى كېلەتتى. ئاياللارغا ئىشلىتىلىدىغان بىر پارچە چۇچىلىق تاۋارنى پۇتلىرىمغا يېپىپ قويدى. بېشىم تەرەپكە چىركاۋدا ئىشلىتىدىغان بىر تال شامنى ياندۇرۇپ قويدى. ئۇدۇلۇمدىكى تامغا كىچىك بىر سۈرەت ئېسىپ قويۇلغانىدى. سۈرەتتىكى ئادەم ئافرىقىدىكى بوشمان قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ نەيزىسىنى ماڭا چەنلەپ تۇراتتى، ئۇ چىرايلىق سىزىلغان بىر قالقاننىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغانىدى. كېمىدە سىز ھەمىشە بەزى ئەخمەقانە سۈرەتلەرنى چېلىقتۇرىسىز، بەلكىم بۇ سۈرەت شۇ سۈرەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن باشقا مېنىڭ ياغاچ قەپىزىمدە ھېچنېمە يوقىدى. يان تەرەپتىكى تامنىڭ كىچىك دېرىزىسىدىن جەنۇبى دىيارنىڭ ئاخشام-كەچلىرىدىكى ئىللىق تىنىقلىرى كىرىپ تۇراتتى، قۇلاق تۈۋۈمدە ئېقىن سۇنىڭ كېمە بېقىنىغا ئۇرۇلۇپ تۇرغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن ھايات ئوۋچى خوراس چاغلىرىمدا ئانا يۇرتۇم شىۋارتىس ۋالدىدا بىر بۆكەننى قوغلاپ كېتىۋېتىپ ياردىن دومىلاپ چۈشۈپ كەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن مۇشۇ يەردە يېتىپ كېلىۋاتىمەن. جىمى ئىش ئۆز نۆۋىتى بويىچە يۈز بەردى: مەن بۆكەننى قوغلاپ كېتىۋېتىپ ياردىن يىقىلىپ چۈشتۈم. قىپقىزىل قان ئېقىۋاتقان بۇ جىلغىدا ياتتىم، ئاخىرى ئۆلۈپ قالدىم؛ بۇ كېمە ئەسلىدە مېنى باقى ئالەمگە ئاپىرىپ قويسا بولاتتى. ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە، مەن مۇشۇ شال ئۈستىدە يېتىپ پۇت-قوللىرىمنى راھەت بىلەن سوزغان دەملىرىمدە قەۋەت خوش بولۇپ كەتكەنىدىم! تاغلار ئەتتىراپنى توسمايىتتى، شۇ دەملەردە تاغلار خىرە كۆرۈنىدىغان تاختاي تامدەك ناخشىلىرىمنى ئاڭلىغانىدى. مەن خوشاللىق بىلەن تىرىلىمەن يەنە خوشاللىق بىلەن ئۆلۈپ كېتىمەن. مەن كېمىگە چىقىشدىن ئاۋۋال تولىمۇ بەخىتىيارىنلىق بىلەن ئوقدان، خالتا، مىلتىق دېگەندەك نەرسىلەرنى تاشلىۋەتتىم،-بۇ مىلتىق مەن تەۋەللۇت بولماستىن بۇرۇنلا دۈمبەمدە ھەيۋەت بىلەن ئېسىقلىق تۇراتتى. مەن تېزلىك بىلەن ئاخىرەتلىكنى كەيدىم، خۇددى تويى بولغان قىز تويلۇق كىيىملىرىنى كەيگەندەك خوشال بولۇپ كەتتىم. مەن كېيىن بۇ يەردە جىمجىت ياتتىم. ئەمما بەخىتسىزلىك يۈز بەرگەنلىكىنى ھېچكىم پەرەز قىلالمىدى.

-تەغدىرىڭىز كاج كەلگەن-دە،- شەھەر باشلىقى قولىنى كۆتۈرگىنىدە دېدى،- ئەجەبا بۇ جەھەتتە سىزدە ئازراقمۇ سەۋەنلىك يوقمىدۇ؟

-بىزەمۇ سەۋەنلىك يوق،-دېدى ئوۋچى،-مەن ھايات چېغىمدا ئوۋچى ئىدىم، ئەجەبا بۇ سەۋەنلىك بولامدۇ؟ مەن ئوۋچى بولۇپ يۈرگەن چاغلاردا شىۋارتىس ۋالدىدا بۆرە بارىدى. مەن مۆكۈنۈپ تۇرۇپ بۆرىگە ئوق ئېتىۋىدىم. ئوق بۆرىنىڭ بىر قات تېرىسىنى سويۇپ ئۆتۈپ كەتتى. ئەجەبا بۇمۇ سەۋەنلىكمۇ ؟ جامائەت مېنىڭ بۇ ئىشىمنى تەرىپلەپ «شىۋارتىس ۋالدىدا بىر ئۇلۇغ ئوۋچى بار» دېيىشكەنىدى. ئەجەبا بۇمۇ سەۋەنلىكمۇ؟

-مېنىڭ بۇ ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىش مەجبۇرىيىتىم يوق،-دېدى شەھەر باشلىقى،-ئەمما مەنمۇ سىزدە سەۋەنلىك يوق دەپ قارايمەن. شۇنداقكەن سەۋەنلىك زادى كىمدىدۇ؟

-كېمە خوجايىنى كەتكۈزۈپ قويغان،دە-دېدى ئوۋچى، -مېنىڭ بۇ يەردە يازغان نەرسىلىرىمنى ھېچكىم ئالماسلىقى، ماڭا ھېچكىم ھەمدەمدە بولماسلىقى مۇمكىن، ماڭا ھەمدەم بولۇشنى بىر تۈرلۈك ۋەزىپە قىلغان. ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى ھىم تاقاقلىق تۇرغان، جىمى كىشىلەر تۆشەكلىرىدە يېتىپ، باش-كۆزلىرىنى يوتقان بىلەن ئورىۋېلىشقان، پۈتكۈل دۇنيا تۈن قوينىغا چۆمگەن چوڭ مېھمان سارايغا ئوخشاپ قالغان بولسىمۇ ئۇنداق قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە، شۇنداق بولغىنىمۇ بىر ھېساپتا ياخشى. چۈنكى شۇنداق بولسا مېنى ھېچكىم بىلمەيدۇ؛ بىرەرسى مېنى بىلسىمۇ، مېنىڭ قەيەردىلىكىمنى بىلمەيدۇ؛ مېنىڭ قەيەردىلىكىمنى بىلسىمۇ مېنى توسۇشنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماڭا قايسى يوسۇندا ياردەم بىرىشنى بىلىدىغان ئادەم چىقمايدۇ. ماڭا ياردەم بىرىشنى خىيال قىلىش-بىرخىل كېسەللىك، ئورۇن تۇتۇپ داۋالىنىش زۆرۈر بولغان بىرخىل كېسەللىك. مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ياردەم قىلساڭلارچۇ دەپ كىشىلەرنى چاقىرماقچى بولساممۇ، مەسىلەن شۇ تاپتا، بۇ قائىدىنى بىلگەچكە كىشىلەرنى ياردەم قىلىڭلار، دەپ چاقىرمىدىم. چۈنكى مەن ئەتتىراپىمغا قارىشىم بىلەنلا ئۆزۈمنىڭ قەيەردە تۇرىۋاتقانلىقىمنى بىلىمەن، بەلكىم شۇنداق دېيىشكە ھەققىم باردۇ، ئۆزۈمنىڭ نەچچە يۈز يىللاردىن بىرى قەيەردە تۇرىۋاتقانلىقىمنى ئاڭقىرىۋالىمەن، شۇ ۋەجىدىن مەن كىشىلەرنى ياردەمگە چاقىرىش نىيىتىدىن تامامەن ۋاز كەچتىم.

-قالتىسكەنسىز،-دېدى شەھەر باشلىقى،-ھەقىقەتەن قالتىس ئادەمكەنسز، ئەمما شۇ تاپتا رىۋا شەھىرىمىزدە قېپقالغۇڭىز بارمۇ؟

-بۇ يەردە قېپقېلىش ئويۇم يوق،-دېدى ئوۋچى تەبەسسۇم ئەيلەپ، ئۇ قولىنى شەھەر باشلىقىنىڭ تىزىغا قويۇپ مۇلايىم ئەمما مەسخىرىلىك تەلەپپۇز بىلەن قوشۇپ قويدى،- مەن شۇ تاپتا بۇ يەردە تۇرىۋاتقىنىم بىلەن ھېچنېمىنى بىلمەيمەن، ھېچنىمىگە قادىر بولالمايمەن. كېمەمنىڭ رولى بولمىغاچقا ھالاكەتنىڭ تېرەن تەكتىگە قاراپ ھۇشقۇرتۇپ چىقىۋاتقان شامال يۆلۈنىشىگە ئەگىشىپ يۈرمەكتىن ئۆزگە ئامال يوق.

(خەنزۇچە «كافكا ھېكايىلىرى دىۋانى» ناملىق كىتاپتىن)

تەرجىمان: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە

 

]]>
?feed=rss2&p=11505 0
كاۋاباتا ياسۇنارى: ئىزۇدىكى ناخشىچى قىز ?p=11385 ?p=11385#respond Sun, 09 Dec 2012 06:52:48 +0000 ?p=11385 ئىزۇدىكى ناخشىچى قىز

كاۋاباتا ياسۇنارى [ياپونىيە]

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

كاۋاباتا ياسۇنارى (1899- 1972) ياپۇنىيەنىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق يازغۇچىسى. ئۇ ئوساكا شەھرىدە بىر دوختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكلا يېتىم قالغان، بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى يېتىمچىلىك، جاپا- مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكەن. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپ ئەدەبىياتقا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلاپ، ياپۇنىيەنىڭ «يۈەنشى ھەققىدە ھېكايە» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى پىششىق ئوقۇپ چىققان. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ مەخسۇس ياپونىيە ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەن ۋە بىر قىسىم ياش ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئەدەبىيات- سەنئەت دەۋرى» ناملىق ژۇرنالنى (1924-1927) چىقارغان ھەم داڭلىق يازغۇچى جۈ چىكۇەننىڭ قوللىشى بىلەن ئېستېتىكىزم بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇرژۇئازىيە ئەدەبىيات ئېقىمى ـــ «يېڭى تۇيغۇچىلار ئېقىمى» نى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن. ئۇلار «سەنئەت ھەممىدىن ئەلا»، «سەنئەت ئەڭ گۈزەل» شۇئارى بىلەن ياۋروپا، ئامېرىكا ئەدەبىياتىدىكى «ئاڭ ئېقىمى» ئىجادىيەت ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىپ، كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە پەيدا بولىدىغان نازۇك تۇيغۇنى، سەزگۈ ئەزالىرىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان «گۈزەللىك» كە ئىنتىلىشنى تەكىتلىگەن ھەمدە روھىي جەھەتتىكى بىھۇشلۇق، بەدىئىي جەھەتتىكى خىيالىي تۇيغۇ ئارقىلىق كانتوندىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن (1923) كېيىن ياپونىيە ئىقتىسادى چېكىنگەن مەزگىلدىكى كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن روھىي ھۆكۈمرانلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشقان. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇ ياپۇنىيەنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ، ۋەتەنگە ھاقارەت كەلتۈرۈش» ىدىن قاتتىق ئازابلىنىپ، كۈندىن كۈنگە ئۈمىدسىزلىنىپ، ئاخىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

كاۋاباتا ياسۇنارىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئىزۇدىكى ناخشىچى قىز» (1925)، پوۋېستلاردىن «قار دۆلىتى» (1935- 1947)، «تاغ ساداسى» (1949- 1954)، «مىڭ تۇرنا» (1951)، «قەدىمىي پايتەخت» (1962) قاتارلىقلار بار.

«ئىزۇدىكى ناخشىچى قىز» ناملىق بۇ ھېكايە كاۋاباتا ياسۇنارىنىڭ يېرىم تەرجىمھال شەكلىدە يېزىلغان نادىر ئەسىرى بولۇپ، ئۇ خېلى مۇكەممەل ئېستېتىكىزملىق بەدىئىي ئۇسلۇبقا ئىگە. ھېكايىدىكى ئىنچىكە تەسۋىرلەردىن باش قەھرىمان بىلەن 14 ياشلىق سەنئەتچى قىز شۇنزى ئوتتۇرىسىدىكى قايغۇ- ھەسرەتلىك ھېسسىياتنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. 1968- يىلى كاۋاباتا ياسۇنارى «يۇقىرى ماھارەتلىك بايان ئەدەبىياتى ياپونىيە خەلقىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئاجايىپ ئۆتكۈرلۈك بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن» نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھىندىستانلىق تاگوردىن كېيىن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىككىنچى شەرقلىق يازغۇچى.

 

1

ئاماگى تېغىنىڭ چوققىسىغا ئاز قالغانسىرى يول بارغانسېرى ئەگرى- توقاي بولۇپ كېتىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا ئۆتكۈنچى يامغۇر قويق شەمشادزارلىقنى بۇلۇتتەك قاپلاپ، كىشىنى ھەيران قالغۇرغۇدەك سۈرئەتتە تاغ باغرىدىن ماڭا يۇپۇرۇلۇپ كېلىشكە باشلىدى.

مەن 20 ياشتا ئىدىم، بېشىمغا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شەپكىسىنى، ئۇچامغا ئاق گۈلى بار كۆك رەڭلىك چاپان ۋە يوپكا كىيىپ، يەلكەمگە سومكا ئېسىۋالغانىدىم. ئىزۇغا يالغۇز ساياھەتكە كەلگىنىمگە تۆت كۈن بولۇپ قالغانىدى. شيۇشەن ئىبادەتخانىسىدىكى ئارشاڭدا بىر كېچە، يۇشىما ئارشىڭىدا ئىككى كېچە قونۇپ، ياغاچ كەش بىلەن ئاماگى تېغىغا چىققانىدىم. يولبۇيى قاتمۇقات تاغلار، ئىپتىدائىي ئورمانلار ۋە جىلغىلاردىكى كۈز مەنزىرىسىگە نەزەر تاشلاپ ئويغا چۆمگەن بولساممۇ، قەلبىمدە بىر ئىستەك مېنى تېزراق مېڭىشقا ئۈندەيتتى. بۇ چاغدا پۇرچاقتەك چوڭلۇقتىكى يامغۇر ئۈستى- بېشىمغا تاراسلاپ چۈشۈشكە باشلىغانىدى. مەن داۋاندىكى يىلانباغرى يولنى بويلاپ يۇقىرى ئۆرلەپ، مىڭ تەسلىكتە تاغ چوققىسىنىڭ شىمالىي ئېغىزىغا جايلاشقان چايخانىغا ئۇلاشتىم- دە، ئۇھ دېدىم. شۇ تاپتا مەن ئارزۇيۇمغا يەتكەن، ھېلىقى سەييارە سەنئەتچىلەرگە يېتىشىۋالغانىدىم. مەن كەلگەندە ئۇلار چايخانىدا ئارام ئېلىۋاتقان ئىدى.

ھېلىقى ناخشىچى قىز مېنى كۆرۈپ ئاستىدىكى سېلىنجىنى ئۆرۈپ يېنىمغا سۈرۈپ قويدى.

ـــ ھە . . . ـــ مەن جاۋاب ئورنىدا شۇنداق دەپ قويۇپ سېلىنجىدا ئولتۇردۇم. تاغقا چىققۇچە ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيادە تەمتىرەش تۈپەيلى ئاغزىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان «رەھمەت» دېگەن گەپنىمۇ دېيەلمىدىم.

ناخشىچى قىز بىلەن ئۇدۇل قارىشىپ ئولتۇرغاچقا، ئالاقزادىلىك ئىچىدە چاپىنىمنىڭ يېڭىغا سېلىۋالغان تاماكامنى ئالدىراپ- تېنەپ قولۇمغا ئالدىم. قىز ھەمراھىنىڭ ئالدىدىكى كۈلداننى ئالدىمغا ئىتتىپ قويدى. يەنىلا ئۈندىمىدىم.

قىز ئوزايىدىن 17 ياشلاردا باردەك كۆرۈنەتتى، چېچىنى مەنمۇ بىلمەيدىغان بىر خىل كونا پاسۇندا يوغان قىلىپ بانتىلىۋالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا قوشۇقتەك ياغاق يۈزى تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى، ئەمما چىھرىدىن ئېيتقۇسىز بىر خىل گۈزەللىك، مۇلايىملىق بالقىپ تۇراتتى. شۇ تۇرۇقىدا ئۇ تارىخىي ھېكايىلەردە تەسۋىرلىنىدىغان چېچى بەكلا يوغان قىلىپ سىزىلغان قىزلارنىڭ رەسىمىگە ئوىشاپ قالغانىدى. قىز بىلەن بىللە كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال، ئىككى قىز ۋە ئۇچىسىغا ناگائوكا ئارشىڭى مېھمانخانىسىنىڭ بەلگىسى بېسىلغان چاپان كىيىۋالغان، 25- 26 ياشلار چامىسىدىكى يەنە بىر يىگىتمۇ بار ئىدى.

بۇ مېنىڭ ئۇلارنى مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى. بىرىنچى قېتىم ئۇلار يۇشىماغا، شيۇشەن ئىبادەتخانىسىغا كېتىۋاتقاندا يۇكاۋا كۆۋرۈكى ئەتراپىدا كۆرگەنىدىم. ئۇ چاغدا ئۇلار جەمئىي ئۈچ قىز بولۇپ، ھېلىقى ناخشىچى قىز دۇمباق كۆتۈرۈۋالغانىدى. ئۇلارنى كۆرۈپ قەلبىمدە سەپەرداشلىق تۇيغۇسى قوزغالغانىدى. كېيىن، يۇشىماغا كەلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى كېچىدە، ئۇلار مېھمانخانىغا قايتىپ كەلگەندە كۆرگەنىدىم. مەن پەلەمپەينىڭ ئوتتۇرىسىدا ناخشىچى قىزنىڭ دەرۋازا يېنىدىكى كارىدوردا ئويناۋاتقان ئۇسسۇلىنى ھوزۇر ئىلىكىدە كۆرۈۋېتىپ: «قايسى كۈنى شيۇشەن ئىبادەتخانىسىدا تۇراتتى، بۈگۈن يۇشىماغا كەپتۇ، ئەتە بەلكىم ئاماگى تېغىدىن چۈشۈپ جەنۇب تامان مېڭىپ يۇشىما ئارشىڭىغا ئارشىڭىغا بارسا كېرەك. ئاماگى تېغىنىڭ 20 نەچچە كېلومېتىرغا سوزۇلغان تاغ يولىدا ئۇلار يېتىشىۋالغۇدەكمەن» دېگەن خىياللار خىيال ئېكرانىمدىن ئۆتمەكتە ئىدى. مانا ئەمدى يامغۇردىن پاناھلىنىۋاتقان مۇنۇ چايخانىدا ئۇلارغا ئۇچراپ قېلىپ يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كېتىۋاتاتتى.

خېلىدىن كېيىن، چايخانىنىڭ ئايال خوجايىنى مېنى يەنە بىر ئۆيگە باشلىدى. بۇ ئۆيدە ئادەتتە ئادەم تۇرمىسا كېرەك، تور ئىشىكى يوق ئىدى. پەسكە قارىسا گۈزەل جىلغىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا كۆز يەتمەيتتى. سوغۇقتا بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ لاغىلداپ تىتىرەيتتىم، چىشلىرىم توختىماي كاسىلدايتتى. خوجايىن ئايال چاي ئېلىپ كىردى، مەن «نېمانداق سوغۇق» دەپ قويدۇم. ئۇ مېنى قولۇمدىن سۆرەپ دېگۈدەك ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆيگە باشلاپ كىردى.

ـــ ۋاي- ۋۇي ئۇكام، ئۈستى- بېشىڭىز چىلىق- چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ. بۇياققا كېلىپ ئوتسىنىپ كىيىملىرىڭىزنى قۇرۇتۇۋېلىڭ.

تور ئىشىك قايرىلىشىغا مەش قويۇلغان ئۆيدىن ئوتتەك ئىللىق ھاۋا يۈزۈمگە ياللىدە ئۇرۇلدى- دە، بوسۇغىدا تېڭىرقىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. مەشنىڭ يېنىدا پۈتۈن ئەزايى كۆكۈرۈپ كۈپتەك ئىششىپ كەتكەن، چىرايىدىن سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن ئادەمنى ئەسلىتىدىغان بىر بوۋاي بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇراتتى، كۆزلىرى قارىچۇقىدىن تارتىپ سارغىيىپ كەتكەن، چىرايىنى غەم تۇمانلىرى ئىسكەنجىگە ئالغان بۇ بوۋاي ماڭا قاراپ تۇراتتى. بوۋاينىڭ ئۆپچۆرىسىگە كونا خەت- چەك، قەغەز خالتا دېگەندەك نەرسىلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن، بىر قارىغان كىشىگە بوۋاي مۇشۇ ئەسكى قەغەزلەرنىڭ ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. بوۋاينى كۆرۈپ جايىمدا مەڭدىگىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم، ئۇنىڭ تىك ئىنسان ئىكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى.

ـــ سىزگە بۇ بىسەرەمجانلىقنى كۆرسەتمىسەك بولاتتى . . . شۇغىنىسى، بۇياق ئۆيىمىزنىڭ چوڭى، ئەندىشە قىلىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. قارىماققا بەكلا قورقۇنچلۇق تۇيۇلىدۇ. لېكىن، ئۇ مىدىرلىيالمايدۇ، ئەيبكە بۇيرۇمىغايسىز!

خوجايين ئايال شۇلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئايالنىڭ دېيىشىچە، بوۋاينىڭ سەكتە كېسىلىگە مۇپتىلا بولغىنىغا خېلى يىللار بولغان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى پالەچ ئىكەن. دۆۋىلەپ قويۇلغانلىرى جاي- جايلاردىن كەلگەن، سەكتە كېسلىنى داۋالاش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ۋە دورا خالتلىرى ئىكەن. بوۋاي تاغدىن ئۆتكەن يولۇچىلاردىن ئاڭلىغان ياكى گېزىتتىكى ئېلانلاردىن كۆرگەن سەكتە كېسىلىنى داۋالاش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ بىرسىنىمۇ قالدۇرماي كۆرىدىكەن، مەملىكەتنىڭ جاي- جايلىرىدىن كەلگەن مۇشۇ كېسەلگە ماس كېلىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئۇقۇشىدىكەن، دورىلارنى سېتىۋالىدىكەن. بۇ خەتلەر بىلەن دورا خالىتىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ تاشلىۋەتمەي يېنىغا دۆۋىلەپ، شۇ قەغەز دۆۋىسىگە قاراپ كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. قەغەزلەر ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يىغىلىۋەرگەچكە مۇشۇنداق دۆۋىلىشىپ كەتكەنىكەن.

مەن خوجايىن ئايالنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرمەستىن كاڭغا كېلىپ ئولتۇردۇم. تاغدىن ئۆتۈۋاتقان ماشىنىنىڭ تەسىرىدە ئۆي تىتىرەپ كەتتى.

«كۈز كىرە- كىرمەيلە مۇشۇنداق سوغۇق بولغىلى تۇرسا، تاغنى ئەتە- ئۆگۈنلا قار قاپلاپ كەتكۈدەك. بۇ بوۋاي نېمىشقا تاغدىن چۈشۈپ كەتمەيدىكىنە» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. كىيىملىرىمدىن ھور ئۆرلەپ، مەشتىكى قىزىق ئوتنىڭ تەپتىدە بېشىم ئاغرىشقا باشلىدى. شۇ ئارىدا خوجايىن ئايال ھېلىقى سەييارە ئويۇن قويغۇچىلار بىلەن ھال- مۇڭ بولۇش ئۈچۈن دۇكاندىن چىقىپ كەتتى.

ـــ شۇ ئەمەسمۇ، ئۆتكەندە كەلگىنىڭىزدە تېخى كىچىكلا قىزچاق ئىدى. مانا ئەمدى شۇنداق چىرايلىق چوڭ بوپتۇ. خېلى كۆزگە كۆرۈنۈپ قاپتۇ! قىز بالا دېگەن تېز چوڭ بولىدۇ. قاراڭلار، شۇنچە گۈزەل بولۇپ كەتكىنىنى بۇ قىزنىڭ!

ھايال ئۆتمەي ھېلىقى سەييارە ئويۇن قويغۇچىلارنىڭ يولغا چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئولتۇرالمايلا قالدىم، لېكىن مەندە ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارغۇدەك جۈرئەت يوق ئىدى.

«ئۇلار سەپەرگە كۆنۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن نېمىلا دېگەنبىلەن ئايال كىشى- دە! بەك ماڭسا بىر- ئىككى كېلومېتىر ماڭار، يۈگۈرسەم ئۇلارغا يېتىشىۋالارمەن» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم- يۇ، يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدىم. ناخشىچى قىزلار يولغا چىقىشى بىلەنلا مېنىڭ قۇرۇق خىياللىرىممۇ يوققا چىققاندەك بولۇپ، يېنىكلەپ قالدىم.

ـــ ئۇلار بۈگۈن ئاخشام نەدە قونىدىكەن؟ـــ دەپ سورىدىم مەن ئۇلارنى ئۇزىتىپ چىققان خوجايىن ئايالدىن.

ـــ بۇنداق ئادەملەرنىڭ نەگە چۈشۈپ نەدە قونىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ دەيسىز غوجام. قەيەردە يولۇچىلار ئويۇن قويۇپ بەر دېسە شۇ يەردە قونۇپ قالىدۇ. ئۇلارنى قانداقمۇ كېچىدە مۇقىم بىر يەردە قونۇپ قالىدۇ دېگىلى بولسۇن؟

خوجايىن ئايالنىڭ مەنسىتمىگەندەك دېگەن بۇ گەپلىرىدىن كاللامدا «راست شۇنداق بولسا، بۈگۈن كېچە ھېلىقى ناخشىچى قىزنى ياتىقىمدا قوندۇرۇپ قالسام بولغۇدەك» دېگەن ئوي پەيدا بولدى.

يامغۇر پەسىيىپ تاغ چوققىسى يورۇشقا باشلىدى، ھايال ئۆتمەي ھاۋا بىراقلا ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار مېنى مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭ دەپ شۇنچە تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن زادىلا ئولتۇرالماي قېلىۋاتاتتىم.

ـــ بوۋا، ھاۋا سوۋۇپ كېتىۋاتىدۇ، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ،ـــ دېدىم مەن كۆيۈنگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇۋېتىپ. بوۋاي سارغىيىپ كەتكەن كۆزلىرىنى تەستە چىمچىقلىتىپ، بېشىنى بىلىنەر- بىلىنمەس لىڭشىتىپ قويدى.

ـــ غوجام، غوجام!ـــ خوجايىن ئايال ۋارقىرىغان پېتى كەينىمدىن چىقتى،ـــ سىزنى شۇنچە چىقىمدار قىلىپ بەك سەت ئىش قىلدۇق، ئەپۇ قىلارسىز.

ئۇ سومكامنى چىڭ تۇتۇۋالدى، ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي مېنى ئاۋۇ ياققىچە ئۇزىتىپ قويىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى ۋە ئۇششاق، ئەمما تېز قەدەملىرى بىلەن كەينىمدىن ئەگەشتى، خېلى ماڭغاندىن كېيىن بايىقى گەپنى يەنە تەكرارلىدى:

ـــ رەنجىمەي كېتەرسىز، سىزنى ياخشى كۈتەلمىدۇق. چىرايىڭىزنى ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم، ياناشىڭىزدا ئايرىم رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. بۇ دورەم چوقۇم كېلىڭ، ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇ!

ئۇنىڭغا بەرگىنىم پەقەت بەش مولۇق تەڭگە ئىدى، لېكىن ھەيرانلىق، تەسىرلىنىش ئىلىكىدە ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولغانىدى. تېزراق مېڭىپ ھېلىقى ناخشىچى قىزغا يېتىشىۋالارمەن دېگەنسېرى خوجايىن ئايال قېرىشقاندەك تېز ماڭمايۋاتاتتى. ئاخىرى تاغ چوققىسىدىكى تونېلغا يېتىپ كەلدۇق.

ـــ سىزگە كۆپ رەھمەت، بوۋاي يالغۇز قالدى، ئەمدى قايتىپ كېتىڭ،ـــ دېدىم مەن. خوجايىن ئايال ئەنە شۇندىلا سومكامنى بەردى.

قاپقارڭغۇ تونېلغا كىرىشىم بىلەن تەڭ قۇلىقىمغا سۇنىڭ تامچىلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئالدى تەرەپتىن ـــ تونېلنىڭ جەنۇبىي ئىزۇغا ئۆتىدىغان چىقىش ئېغىزى تەرىپىدىن غۇۋا يورۇقلۇق كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

 

2

تونېلدىن چىققاندىن كېيىنكى تاغ يولىنىڭ چېتىگە ئاق سىرلانغان سالاسۇن ئورنىتىلغان، يىلانباغرى يول پەسكە سوزۇلغانىدى. مۇشۇ يەردىن پەسكە قارىسا تاغ ئېتىكىدىكى مەنزىرىلەر گويا بىر مودېلغا ئوخشاپ كېتەتتى. پەستە ھېلىقى سەنئەتچىلەرنىڭ قارىسى كۆرۈندى. بىر كېلومېتىر ماڭا- ماڭمايلا ئۇلارغا يېتىشىۋالدىم. ئەمما قەدىمىمنى ئاستىلاتماستىن پەرۋاسىز قىياپەتتە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتىم. 20 مېتىرچە ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھېلىقى ئەر ئۆزى يالغۇز كېتىۋاتاتتى، ئۇ مېنى كۆرۈپ قەدىمىنى توختاتتى.

ـــ ھەجەپ تېز ماڭىدىكەنسىز . . . ھاۋا ئېچىلىپ كەتتى- ھە!

مەن قەدىمىمنى ئاستىلىتىپ ئەر بىلەن ياندىشىپ ماڭدىم. مەندىن ھېلى- ئۇنى، ھېلى بۇنى سوراپ توختىمايتتى. كەينىمىزدىكى ئاياللار ئىككىمىزنىڭ پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقىنىمىزنى كۆرۈپ يۈگۈرگىنىچە بىزگە يېتىشىپ كەلدى.

ئەر ئۆشنىسىگە سومكا يۈدۈۋالغان، 40 ياشلار چامىسىدىكى ھېلىقى ئايال كۈچۈك كۆتۈرۈۋالغان، يېشى سەل چوڭراق كەلگەن قىز بوپا كۆتۈرۈۋالغان، ناخشىچى قىز دۇمباق ۋە دۇمباق قاھازىسى يۈدۈۋالغان ئىدى. 40 ياشلار چامىسىدىكى ھېلىقى ئايال ماڭا گەپ باشلىدى.

ـــ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوخشىمامدۇ؟ـــ دېدى يېشى چوڭراق قىز ناخشىچى قىزغا بوش ئاۋازدا. قۇلىقىم ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىدا بولغاچقا، ناخشىچى قىزنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ:

ـــ شۇنداق، بىر قاراپلا بىلىۋالدىم، بۇ يەرگە ئوقۇغۇچىلار دائىم كېلىپ تۇرىدۇ،ـــ دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم.

بۇلار ئوشىمادىن كەلگەن خابۇمىنالىقلار ئىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار باھاردا ئارالدىن يولغا چىققاندىن بېرى جىمى پائالىيىتى يول ئۈستىدە بولۇپتۇ. سوغۇق چۈشۈپ كېتىپ قىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەچكە، شىتادادا يەنە ئون نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن ئىتو ئارشىڭىدىن ئارالغا قايتىپ كېتىدىكەن. ئوشىما دېگەن بۇ جاينى ئاڭلاپلا قەلبىمدە شېئىري تۇيغۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ناخشىچى قىزنىڭ چىرايلىق چېچىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي قارىغاچ ئۇنىڭدىن ئوشىما توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى سورىدىم.

ـــ جىق ئوقۇغۇچىلار بىزنىڭ ئۇ يەرگە سۇغا چۆمۈلگىلى بارىدۇ،ـــ دېدى قىز يېنىدىكى ئايالغا.

ـــ يازدا شۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ـــ مەن شۇنداق دېگەچ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم.

ـــ قىشتىمۇ شۇنداق . . . ـــ دېدى قىز پەس ئاۋازدا ھودۇققىنىچە.

ـــ قىشتىمۇ شۇنداقمۇ؟

ناخشىچى قىز ھەدەپ يېنىدىكى ئايالغا قاراپ كۈلەتتى.

ـــ قىشتىمۇ سۇغا چۆمۈلەمدۇ؟ـــ يېنىشلاپ سورىدىم مەن. قىزنىڭ يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كېتىپراق ئەستايىدىل قىياپەتتە بېشىنى بوشقىنە لىڭشىتتى.

ـــ نەدىكى يوق گەپلەرنى مۇشۇ بالا قىلىدۇ،ـــ دېدى 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايال كۈلۈپ تۇرۇپ.

دەريا بويىدىكى جىلغىنى بويلاپ يۇشىماغا بارغۇچە ئالاھەزەل 12 كېلومېتىر مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. تاغ چوققىسىدىن ئۆتتۇق، تاغ بىلەن ئاسماننىڭ رەڭگى كىشىگە نانكوكۇنىڭ مەنزىرىسىنى ئەسلىتەتتى. ھېلىقى ئەر بىلەن پاراڭلىشىپ يۈرۈپ ئپبدانلا چىقىشىپ قالغانىدۇق. دىچېڭ ۋە توموتو دېگەن كەنتلەردىن ئۆتتۇق. بۇ يەردىن قارىغاندا تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان ئۇگانودىكى كەپىلەرنىڭ ئۆگزىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. مەن شىتاداغا ئۇلار بىلەن بىللە بېرىش نىيىتىمنى ئېيتىۋېدىم، ئۇ بەكلا خۇش بولۇپ كەتتى.

يۇگانودىكى ئۆتەڭنىڭ ئالدىغا كەلگەندە 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايال ماڭا خوش دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىۋېدى، ھېلىقى ئەر:

ـــ بۇياق بىز بىلەن بىللە ماڭىدىغان بولدى،ـــ دېدى.

ـــ بەللى، بەللى، «سەپەردە قاياشىڭ بولسا يول ئازاب بىلىنمەس» دېگەن گەپ بار. سىز بولغاندىكىن ئەمدى زېرىكمەيدىغان بولدۇق. ئۇنداق بولسا كىرىپ ھاردۇقىڭىزنى چىقىرېۋىلىڭ،ـــ دېدى ئايال ئوچۇقلا قىلىپ. قىزلار ماڭا تەڭلا قاراشتى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە ئازراقمۇ ھەيرانلىق ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى، ئەمما ئۇلار سەل تارتىنىپراق ماڭا جىممىدە قاراپ تۇراتتى.

بىز ساراينىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە چىقىپ يۈك- تاقلىرىمىزنى قويدۇق. يەرگە سېلىنغان بورا بىلەن چىغ ئىشىك پەردىسى كونا ھەم مەينەت ئىدى. ناخشىچى قىز پەستىن چاي دەملەپ چىقىپ ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ چېھرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن، قوللىرى توختىماي تىتىرەيتتى. پەتنۇستىكى پىيالە قىيسىيىيپ قالدى، ئۇ پىيالىنى چۈشۈرۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن پەتنۇسنى بورا ئۈستىگە قويدى. چاي ئازراق تۆكۈلۈپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ قەدەر نومۇسچان تۇرۇقىغا قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم.

ـــ ئەستاغپۇرۇللا، پالاكەتلىكىنى قارا بۇنىڭ، ئەر زاتىغا كۆز تاشلايدىغان بولۇپتۇ بۇ بالا . . . ـــ ئايال ھەيران قالغاندەك قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ قويۇپ قىزغا جامبۇنى تاشلاپ بەردى. قىز جامبىنى قولىغا ئېلىپ بورىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن سۈرتۈشكە باشلىدى.

كۈتىمىگەندە ئېيتىلغان بۇ گەپتىن ئوي- خىياللىرىم ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كەتتى، تاغدا خوجايىن ئايالنىڭ گېپىدىن پەيدا بولغان قۇرۇق خىياللىرىم ھەش- پەش دېگۈچىلا كۆپۈككە ئايلانغاندەك بولدى.

شۇ ئەسنادا 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايال ماڭا سىنچىلاپ قاراۋېتىپ تۇيۇقسىزلا:

ـــ ماۋۇ بالىنىڭ ئۇچىسىدىكى چاپان بولىدىكەن- ھە!ـــ دېدى ۋە يېنىدىكى ئايالدىن سورىدى،ـــ بۇ ياق كىيىۋالغان چاپاننىڭ رەختى بىلەن پۇقرالار كىيىدىغان كىيىمنىڭ رەختى ئوخشاش ئىكەن، شۇنداقمۇ؟ گۈلى ئوپمۇئوخشاش ئىكەنغۇ!ـــ دېدى. ئاندىن ماڭا بۇرالدى،ـــ يۇرتتا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالامنى ئەسلەپ قالدىم. چاپىنىڭىزنىڭ رەختى بىلەن چاپىنىنىڭ رەختى ئوخشاش ئىكەن. يېقىندىن بېرى، بۇنداق رەختلەرنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كېتىپ چاتاق بولدى.

ـــ بالىڭىز قايسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ؟

ـــ ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىقىدا.

ـــ ھە، ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىقىدا دەڭ، ھەقىقەتەن . . .

ـــ ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقان مەكتىپى ۆۇخۇدا، مەن ئۇشىمادا ئۇزۇن يىل تۇرغان، لېكىن يۇرتۇم كائىنىڭ كۇخۇ دېگەن يېرىدە.

بىر سائەت ھاردۇقىمىزنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن ھېلىقى ئەر مېنى يەنە بىر ئارشاڭ مېھمانخانىسىغا باشلاپ ماڭدى. مۇشۇ چاغقىچە مەن: بۇ سەنئەتچىلەر بىلەن بىر مېھمانخانىدا تۇرىمەنغۇ دەپ ئويلاپ كەلگەنىدىم. بىز كوچىدىن پەسكە قاراپ شېغىللىق يولدا بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن ئۆستەڭ بويىدىكى ئاممىۋى مۇنچىنىڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتتۇق. كۆۋرۈكنىڭ ئۇدۇلىدىكىسى دەل ئارشاڭ مېھمانخانىسى ئىدى.

مەن مېھمانخانىنىڭ چاققانغىنە كەلگەن مۇنچىسىغا كىردىم، ھېلىقى ئەرمۇ كەينىمدىن كىردى. ئۇ ئۆزىنىڭ 24 ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئايالىنىڭ ئىىكى قېتىم بويىدىن ئاجراپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ناگائوكا ئارشىڭىنىڭ بەلگىسى بېسىلغان چاپان كىيىۋالغاچقا ئۇنى ناگائوكالىق ئوخشايدۇ دەپ قالغانىدىم، ئەمما تەققى- تۇرۇقىغا، گەپ- سۆزىنىڭ ئورانىدىن بىلىملىك يىگىت ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنى قىزىقىش تۈپەيلى ياكى ئويۇن قويىدىغان قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا ئۇلارنىڭ يۈك- تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىش ئۈچۈن بىللە ماڭغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم.

يۇيۇنۇپ بولۇپ چۈشلۈك تاماق يېدىم. ئەتىگەن سائەت 8 دە يۇشىمادىن يولغا چىققانىدۇق، ئەمما ھازىر سائەت تېخى 3 بولمىغانىدى.

يىگىت ماڭاشىدا ھويلىدا تۇرۇپلا مەن بىلەن خوشلاشتى.

ـــ بۇنىڭغا ئازراق ھالۋابىدىت ئېلىپ يەڭ، سەت بولدى، پەسكە چۈشەلمىدىم،- مەن شۇنداق دېگەچ ئازراق پۇلنى قەغەزگە يۆگەپ ئۇنىڭغا تاشلاپ بەردىم. ئۇ پۇلنى ئېلىشقا ئۇنىماي مېڭىشقا تەمشەلدى، پۇل چۈشكەن جايىدا قالدى، ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ پۇلنى ئالدى.

ـــ بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ،ـــ ئۇ شۇنداق دېگەچ پۇلنى قايتۇرۇپ ئېتىۋېدى، كەپىنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشتى. مەن پۇلنى يەنە تاشلاپ بەردىم، ئۇ شۇندىلا پۇلنى ئېلىپ ماڭدى.

ئەتراپقا گۈگۈم پەردىسى يېيىلىشى بىلەن تەڭ يامغۇرمۇ شارقىراپ قۇيۇۋەتتى. ئەتراپنى ئاپئاق تۇماق قاپلاپ كەتكەن بولغاچقا، تاغنىڭ يىراق- يېقىنلىقىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايتتى. ئالدى تەرەپتىكى سۈيى لېيىپ سارغۇچ رەڭگە كىرگەن دەريادىن قۇلاقنى يارغۇدەك شاۋقۇن كېلەتتى.

ـــ بۇنداق قاتتىق يامغۇردا ناخشىچى قىزلار كوچىغا چىقىپ ئويۇن قويالمايدىغان بولدى- دە!ـــ دېگەنلەرنى خىيال قىلدىم. ئەمما يەنە خاتىرجەم بولالماي مۇنچىغا ئىككى- ئۈچ قېتىم كىرىپ چىقتىم. مەن چۈشكەن ياتاق بىلەن قوشنا ياتاقنى ئايرىپ تۇرغان دەرىزىدىن تۆت چاسا تۆشۈك ئېچىلغان، تورۇستىكى لامپۇچكىدىن ئىككى ئۆيگە تەڭ يورۇق چۈشىدىغان قىلىپ قويۇلغاچقا ياتاق قاراڭغۇ ئىدى.

قاتتىق يامغۇردا يىراقلاردىن دۇمباقنىڭ «دۇڭ – دۇڭ» قىلغان ئاۋازى بوش ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن گويا دەرىزە رامكىسىنى بىر تارتىپ قۇمۇرۇۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا دېرىزىنى ئېچىپ بېشىمنى چىقاردىم. دۇمباق ئاۋازى يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. يامغۇر بېشىمغا شارقىراپ چۈشۈشكە باشلىدى. كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ قۇلىقىمىنى دىڭ تۇتۇپ، دۇمباق ئاۋازىنىڭ باشقا يۆنىلىشكە يۆتكىلىدىغان- يۆتكەلمەيدىغانلىقىنى، دۇمباق چېلىۋاتقانلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىدىغان- كەلمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا باشلىدىم. ھايال ئۆتمەي ئۈچ تارلىق غىجەك ئاۋازى، ئاياللارنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇن چىرقىراشقان ئاۋازلىرى ۋە كۈلكە- چاقچاق ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. شۇنىلا ئاندىن سەنئەتچىلەرنىڭ ھېلىقى ئۆتەڭنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاشخانىنىڭ زالىدا ئىكەنلىكىنى بىلدىم، چىقىۋاتقان ئاۋازلاردىن بۇلارنىڭ ئۈچ ئايال بىلەن ئۈچ- تۆت ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتمەك تەس ئەمەس ئىدى. مەن ئۇلار ئويۇن قويۇپ بولغاندىن كېيىن بۇ يەرگە كېلەرمۇ، دېگەن ئوي بىلەن جايىمدا قىمىرلىماستىن كۆتۈشكە باشلىدىم. ئەمما ئاشخانىدىكى كۈلكە- چاقچاق ئاۋازى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. قارىغاندا بۇ يەردىكى سورۇن ھازىرچە ئاياغلىشىدىغاندەك قىلمايتتى. ئاياللارنىڭ چىرقىراشقان ئاۋازلىرى قاراڭغۇدا دەممۇدەم ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ ئاۋازلاردىن نېرۋام تېخىمۇ قوزغىلىپ، دەرىزىنى ھاڭغىرىقاي ئېچىپ قويغان پېتى ھاڭۋاققىنىمچە جايىمدا تۇرۇۋەردىم. دۇمباق ئاۋازىنى ھەر ئاڭلىسام قەلبىم يورۇپ كەتكەندەك بولاتتى.

ـــ ھەي، ناخشىچى قىز شۇ تاپتا زىياپەتتە دۇمباق چېلىۋېتىپتۇ- دە!

دۇمباق ئاۋازى توختىشى بىلەن تەڭ بىئارامچىلىق ئىلىكىدە ئەتراپنى زەن سېلىپ تىڭشاشقا باشلىدىم.

ھايال ئۆتمەي، كۆپچىلىك قوغلاشماق ئويناۋاتامدۇ ياكى چۆرىدەپ ئۇسسۇل ئويناۋاتامدۇ، ئىشقىلىپ دۈپۈرلىگەن ئاياغ تىۋىشى خېلىغىچە داۋاملىشىپ، يەنە تۇيۇقسىزلا جىمىپ قالدى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن جىمىپ قالغانلىقىنى بىلمەكچى بولغاندەك، كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپ بايا ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم.

«ناخشىچى قىز بۈگۈن كېچە دەپسەندە قىلىنماس- ھە!» دېگەن ئوي مېنى ئارامىمدا قويىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.

دەرىزىنى ئېتىپ، ئۆزۈمنى كارىۋاتقا تاشلىدىم، قەلبىمنى ئازاب تۇيغۇسى چىرمىۋالغانىدى. كىرىپ يەنە بىر ھازاغىچە يۇيۇندۇم. يامغۇر توختاپ، ئاسماندا ئاي ئۆز جامالىنى نامايىش قىلدى. يامغۇر سۈيىدە يۇيۇنغان كۈز كېچىسى شۇنچىلىك سالقىن ھەم گۈزەل كۆرۈنەتتى. شۇ تاپتا ئۆزۈمنى ئەمەك قىلغۇدەك ئىش تاپالماي ئىچىم پۇشۇپ كېتىۋاتاتتى. شۇنداق قىلىپ ھەش- پەش دېگۈچە ئىككى سائەت ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.

 

3

ئەتىسى چاي ۋاقتى بىلەن ھېلىقى يىگىت ياتىقىمغا كىردى. مەن ئەمدىلا ئورنۇمدىن تۇرغان بولغاچقا ئۇنىڭغا يۇيۇنغاچ تۇرۇڭ دېدىم. ھاۋا شۇنچىلىك ئوچۇق، ئاسماندا ئالىقانچىلىك بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى. ئاخشام ياغقان يامغۇردا سۈيى ئۇلغىيىپ كەتكەن دەريا يۈزىدە قۇياش نۇرى پارلايتتى، ئەتراپ شۇ قەدەر گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. ئاخشامقى ئىشلارنى گويا چۈشۈمدىكىدەك ئەسكە ئالدىم.

ـــ ئاخشام خېلى بىر ۋاقىتقىچە تازا پەيزى قىلدىڭلارغۇ دەيمەن،ـــ دېدىم مەن يىگىتكە.

ـــ قانداق دەيسىز؟ سىزمۇ ئاڭلاپسىز- دە.

ـــ ئەلۋەتتە ئاڭلىدىم.

ـــ ھەممىسى مۇشۇ يەرلىك ئادەملەر. بۇ يەردىكىلەر قالايمىقان ۋارقىراپ- جارقىراشتىن باشقىنى بىلمەيدىكەن، ئادەمنى زېرىكتۈرۈپ.

ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر قىياپەتتە تۇراتتى. مەن جىمىپ قالدىم.

ـــ ئۇخۇمپەرلەر ئۇدۇلدىكى مۇنچىغا كەلدى. قارىڭە، ئۇلار بۇياققا قاراۋاتقاندەك قىلىدۇ، كۈلۈشۈۋاتىدۇ تېخى.

مەن ئۇ كۆرسەتكەن يۆنىلىش بويىچە دەريا تەرەپتىكى ئاممىۋى مۇنچا تەرەپكە نەزەرىمنى ئاغدۇردۇم.

7 – 8 كىشى ئانىدىن تۇغما ھالەتتە قۇيۇق ھور ئىچىدە مېڭىپ يۈرەتتى.

توساتتىن گۇڭگا يورۇپ تۇرغان مۇنچىنىڭ ئۇ بېشىدىن بىر ئايال ئانىدىن تۇغما ھالەتتە يۈگۈرۈپ چىقىپ، گويا ھېلىلا سۇغا سەكرەيدىغاندەك قىياپەتتە تۇرۇپ قوللىرىنى كەردى ۋە بىر نېمىلەرنى دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ قىپيالىڭاچ بولۇپ، ئۇچىسىدا يىپ چاغلىق نەرسە كۆرۈنمەيتتى. بۇ دەل ھېلىقى ناخشىچى قىز ئىدى. كۆزلىرىم ئىختىيارسىز قىزنىڭ ئاپئاق بەدەنلىرىدە يۈگۈرۈشكە باشلىدى، قىز تىككىدە تۇرۇپ ئىككى پاچىقىنى ئۇزۇن سوزدى. مەن گويا سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيىدە يۇيۇنۇپ راھەتلەنگەن كىشىدەك ئۇلۇغ كىچىك تىندىم ۋە پىخىلداپ كۈلۈۋەتتىم. ئۇ تېخى كىچىك بالا ئىدى، تېخى گۆدەكلىكى بىلەن خوشلاشمىغان كىچىك قىز بالا ئىدى. قىز بىزنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىمىزنى سېزىپ بۆلەكچە خۇش بولۇپ كەتتى بولغاي، شۇ يالىڭاچ پېتى سىرتقا يۈگۈرۈپ چىقىپ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بەدىنىنى كۆز- كۆز قىلدى. بۇنىڭدىن بۆلەكچە كۆڭلۈم يايراپ، خېلىغىچە كۈلكەم بېسىقمىدى.

قىز چېچىنى بەكلا يوغان بانتىلىۋالغان، بۇ ئاز كەلگەندەك نازاكەتلىك خېنىملاردەك ياسىنىۋالغان بولغاچقا، مەن ئۇنى 17- 18 ياشلاردا بارمىكىن دەپ پەرەز قىلغانىدىم. مانا ئەمدى ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ خاتالاشقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم.

يىگىت ئىككىمىز مەن ياتقان ياتاققا كىرىپ كەتتۇق. ھايال ئۆتمەي يېشى چوڭراق كەلگەن ھېلىقى قىز مېھمانخانىنىڭ ھويلىسىغا جۈخۇا گۈلىنى تاماشا قىلغىلى چىقتى. ناخشىچى قىز ئەمدىلا كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىشىگە 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايال ئاممىۋى مۇنچىدىن چىقىپ ئۇ ئىككىسىگە قارىدى. ناخشىچى قىز شۇئان تۈگۈلۈۋالدى، تىل ئىشىتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدىمۇ، ئەيتاۋۇر كەينىگە ئۆرۈلۈپ تېز- تېز مېڭىپ كەتتى. 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايال كۆۋرۈكنىڭ يېنىغا كېلىپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ دېدى:

ـــ ئوينىغىلى كەپسىز- دە!

ـــ ئوينىغىلى كەپسىز- دە!ـــ دېدى ئوخشاشلا يېشى چوڭراق قىزمۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قايتىپ كېتىشتى. ئەمما ھېلىقى يىگىت يېنىمدا گۈگۈم چۈشكۈچە ئولتۇردى.

كەچتە قەغەز سودىسى قىلىدىغان بىر سودىگەر بىلەن شاھمات ئويناۋاتاتتىم، توساتتىن ھويلىدا دۇمباق ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن شۇئان ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.

ـــ كوچىدا ئويۇن قويىدىغانلار كەپتۇ!

ـــ ھىم، بۇ ئويۇننىڭمۇ قىزىقى قالمىدى. ھە، ھەي، مېڭىش نۆۋىتى سىزگە كەلدى. مەن بۇ يەرگە مېڭىپ بولدۇم،ـــ دېدى قەغەز سودىگىرى شاھمات تاختىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. ئۇ شاھماتقا پۈتۈنلەي كىرىشىپ كەتكەنىدى.

قەلبىمنى دەككە- دۈككە چۇلغۇۋالغانىدى، شۇ ئەسنادا سەنئەتچىلەرنىڭ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدىم. ھويلىدا ھېلىقى يىگىتنىڭ «خەيرىلىك كەچ!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.

مەن كارىدورغا چىقىپ ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلاتتىم. سەنئەتچىلەر بىر ھازا پىچىرلاشقاندىن كېيىن، مېھمانخانىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا باردى. ئۈچ قىز ھېلىقى ئەرنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ھەممىسى بىر ئېغىزدىن «خەيرىلىك كەچ!» دېدى- دە، كارىدوردا تۇرۇپ چايخانا ناخشىچىلىرىدەك تەزىم قىلدى. شاھماتتا ئۇتتۇرۇپ قويايلا دەپ قالغانىدىم.

ـــ ئەمدى بولمىدى، مەن ئۇتتۇرۇپ قويدۇم.

ـــ نەدىكىنى، مېنىڭ ئۇرۇقلىرىم ياخشى ئەمەس، نېمىلا دېگەنبىلەن سىز يەنىلا شاھمات ئەھلىدە.

قەغەز سودىگىرى سەنئەتچىلەر تەرەپكە قاراپمۇ قويماستىن، شاھمات تاختىسىدىكى ئۇرۇقلىرىنى بىرمۇبىر ساناپ چىقتى- دە، ئۇرۇقلارنى تېخىمۇ ئېھتىيات بىلەن مېڭىشقا باشلىدى. ئاياللار دۇمباق بىلەن غىجەكنى ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا قويۇپ شاھمات ئويناشقا چۈشتى. بۇ چاغدا ئەسلىدە ئاللىقاچان ئۇتۇپ بولىدىغان شاھماتتا ئۇتتۇرۇپ قويغانىدىم. ئەمما قەغەز سودىگىرى يەنە ئوينايلى دەپ تۇرۇۋالدى.

ـــ يەنە بىر قول ئوينىساق قانداق؟

شاھمات ئويناشتىن بىراقلا رايىم قايتقاچقا ئارتۇقچە بىر نېمە دېمەستىن كۈلۈپلا قويدۇم. ئوينىغۇم يوقلۇقىنى بىلگەن قەغەز سودىگىرى ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. قىزلار شاھمات تاختىسى تەرەپكە كەلدى.

ـــ بۈگۈن ئاخشاممۇ يەنە ھېلىقى يەرگە بېرىپ ئويۇن قويامسىلەر؟

ـــ يەنە شۇنداق چۆگىلەپ ئوينايدىغان ئىشمۇ؟ـــ يىگىت شۇنداق دېگەچ قىزلار تەرەپكە قارىدى.

ـــ قانداق، بۈگۈن ئاخشام مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. كۆپچىلىك ئېچىلىپ- يېيىلىپ ئويناڭلار.

ـــ بەك ياخشى بولدى، بەك ياخشى بولدى.

ـــ تىل ئىشتمەمسىز؟

ـــ ياق، نەگىلا بارماي، بۈگۈن ئاخشام بەرىبىر مېھمان بولمىسا.

ئۇلار سائەت 12 گىچە شاھمات ئويناپ ئاندىن چىقىپ كېتىشتى.

ناخشىچى قىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ھەرقانچە قىلىپمۇ كۆزۈم ئۇيقۇغا بارمىدى ۋە كارىدورغا چىقىپ ۋارقىرىدىم.

ـــ قەغەز سودىگىرى، قەغەز سودىگىرى!

ـــ ھە مانا . . . ـــ دېدى 60 ياشلار چامىسىدىكى بوۋاي ناھايىتى روھلۇق ھالدا خانىسىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ.

ـــ سىزگە راستىنى ئېيتاي، بۈگۈن كېچە تاڭ ئاتقۇچە ئوينايمىز.

شۇ تاپتا مېنىڭ شۇ قەدەر شاھمات ئوينىغىم كەلگەنىدى.

 

4

ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 8 دە يۇگانۇدىن يولغا چىقىشقا كېلىشكەنىدۇق. كېلىشىۋالغىنىمىز بويىچە ئاممىۋى مۇنچىنىڭ يېنىدىن سېتىۋالغان شەپكىنى كىيىپ، كىچىك سارايغا قاراپ ماڭدىم. ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۇلار تۇرغان ياتاقنىڭ دەرىزىلىرى ئۇلۇغ ئېچىۋېتىلگەنىدى. مەن سەل قورۇنغان ھالدا ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتىم، ئەمما ئۇلار تېخىچە ئۇخلاۋاتقان ئىدى. مەن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي كارىدوردا مەڭدىگىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم. ھېلىقى ناخشىچى قىز ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇندا ياتقان ئىكەن، مېنى كۆرۈپلا يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى ۋە شۇئان قوللىرى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋالدى. ئۇ ھېلىقى يېشى چوڭراق قىز بىلەن بىر ئورۇندا ياتقان بولۇپ، يۈزلىرىدە ئاخشام قىلغان قېنىق گىرىم شۇ پېتى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىزىقارلىق ھالەتتە ئۇخلىشىدىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدىم، ئۇ كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىۋېتىپ، يۈزىنى تۇتقان پېتى يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ كارىدورغا چىقتى.

ـــ ئاخشامقى ئىش ئۈچۈن سىزگە رەھمەت!ـــ ئۇ شۇنداق دېگەچ ماڭا چىرايلىققىنە تەزىم قىلدى. بۇ ئىشتىن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي جايىمدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. ھېلىقى يىگىت يېشى چوڭراق كەلگەن قىز بىلەن بىللە ياتقان ئىدى. ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئەر- خوتۇن ئىكەنلىكىدىن ئازراقمۇ خەۋىرىم يوق ئىدى.

ـــ بەك سەت بولدى، ئەسلى بۈگۈن ماڭارمىز دەپ ئويلىغان، لېكىن بۈگۈن كەچتە كۈتىدىغان مېھمان چىقىپ قالدى، شۇڭا ئەتە ماڭىدىغان بولدۇق. سىز بۈگۈن ماڭمىسام بولمايدۇ دەپ تۇرۇۋالسىڭىز، ئۇنداقتا شىتادادا كۆرۈشەرمىز. بىز كوشودىكى مېھمانخانىغا چۈشىمىز، بىزنى ئاسانلا تاپالايسىز،ـــ دېدى 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايال ياتقان ئورنىدىلا يېرىم ئۆرە بولۇپ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تولىمۇ غېرىپ ھېس قىلدىم.

ـــ ئەتە ماڭسىڭىز بولمامدۇ؟ ئانامنىڭ ئەتە مېڭىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز قاپتىمەن. يولدا ھەمراھ بولسا ياخشى بولىدۇ، ئەتە بىللە ماڭساق قانداق؟ـــ دېدى ھېلىقى يىگىت.

ـــ مۇنداق قىلايلى. سىز بىلەن ئاران تەسلىكتە بىللە ماڭايلى دېگەندە قېرىشقانداك بۈگۈن كەچتە مېھمان كۈتىدىغان بولۇپ قالدۇق، بۇنى سىزگە بالدۇرراق دەپ قويماي بەك سەت ئىش قىلدۇق. ئەتە مۆلدۈر ياغقان تەقدىردىمۇ چوقۇم يولغا چىقىمىز. ئۆگۈنلۈككە بالامنىڭ يولدا ئۆلۈپ كەتكىنىگە 49 كۈن بولىدۇ. ئۆگۈنلۈككىچە شىتاداغا بېرىپ، بالامنىڭ 40 نەزىرسىنى بېرىمەن. سىزگە بۇلارنى دەپ بەك ھۆرمەتسىزلىك قىلدىم. سىز بىلەن مۇشۇنداقلا خوشلىشىدىغان بولدۇق، ئۆگۈنلۈككە بالامنىڭ نەزىرسىگە داخىل بولۇپ بېرەرسىز،ـــ دېدى 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايال.

شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ماڭىدىغان ۋاقتىمنى كچېىكتۈردۈم. ئۇلار ئورنىدىن تۇرغۇچە مەينەتلىشىپ كەتكەن چېدىردا مېھمانخانىدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ تۇردۇم. شۇ ئارىدا ھېلىقى ئەر كىشى ئايلىنىپ كېلەيلى دېدى. بىز كوچىدىن جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، چىرايلىق بىر كۆۋرۈككە كېلىپ، كۆۋرۈك سالاسۇنىغا يۆلىنىپ تۇردۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرىنى سۆزلەشكە باشلىدى. ئىلگىرى ئۇ توكيودا يېڭى ئېقىمدىكى بىر تىياتىر ئۆمىكىدە بىر مەزگىل ئىشلىگەن ئىكەن. ھازىرمۇ ئوشىما پورتىدا پات- پات ئويۇن قويۇپ تۇرىدىكەن. يوغان سومكىدا كىيىم- كېچەك، قاچا- قۇچا دېگەندەك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بار ئىكەن.

ـــ ئۆزۈمنىڭ ئىستىقبالىنى ئۆزۈم نابۇت قىلىپ، ئەمدىلىكتە بۇ يەردە يۈرۈۋاتىمەن. ئەمما ئاكام كوفودا بىر چىرايلىق ئىگىلىك تىكلەپ، ئائىلىمىزنىڭ ۋارىسى بولۇپ قالدى. شۇڭا مېنىڭ ھېچكىمگە لازىمىم قالمىدى.

ـــ مەن تېخى سىزنى ناگائوكالىق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن.

ـــ شۇنداقمۇ؟ يېشى چوڭراق ھېلىقى قىز ئايالىم بولىدۇ، 19 ياشقا كىردى، سىزدىن بىر ياش كىچىك. سەپەر جەريانىدا ئىككىنچى بالىمىز يەنە بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىپ بىر ھەپتە بولمايلا ئۆلۈپ كەتتى. ئايالىمنىڭ سالامەتلىكى تېخى ئەسلىگە كەلمىدى. ھېلىقى خوتۇن ئۇنىڭ ئانىسى بولىدۇ. ھېلىقى ناخشىچى قىز مېنىڭ سىڭلىم بولىدۇ.

ـــ ھەي، 14 ياشقا كىرگەن سىڭلىم بار دەۋاتمامتىڭىز؟

ـــ ئاشۇ شۇ. سىڭلىمغا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلدۇرۇپ جان بېقىشنى مەن زادىلا ياقتۇرمايمەن. ئەمما بۇنىڭدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بار.

ئۇ ماڭا ئۆز ئىسىمىنىڭ رۇڭجى، ئايالىنىڭ چيەن دەيزى، سىڭلىسىنىڭ شۇنزى، 17 ياشلىق يەنە بىر قىزنىڭ ئىسىمىنىڭ بەي خېزى ئىكەنلىكىنى، شۇ قىزنىڭلا ياللىۋالغان ئوشىمالىق قىز ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. رۇڭجى ناھايىتى ئازابلانغاندەك، ھېلىلا يىغلاپ تاشلايدىغاندەك بىر ھالەتتە دەريا ساھىلىغا جىممىدە قاراپ تۇراتتى.

قايتىپ كەلگەن چېغىمىزدا يۈزىدىكى ئۇپا- ئەڭلىكىنى يۇيۇۋەتكەن ناخشىچى قىز ئىڭىشىپ يولنىڭ چېتىدە تۇرغان كۈچۈكنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇراتتى. مەن ياتاققا كىرىپ كەتمەكچى بولدۇم.

ـــ ئوينىغىلى بارامسىز؟

ـــ شۇنداق، لېكىن ئۆزۈم يالغۇز بارىمەن . . .

ـــ ئاكام بىلەن بىللە بېرىڭ!

ـــ مەن ھازىرلا ماڭىمەن.

رۇڭجى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ياتىقىمغا كىردى.

ـــ ئۇلار قېنى؟

ـــ قىزلار ئانامنىڭ كوتۇلدىشىدىن قورقۇپ كېلەلمىدى.

بىز شاھمات تاختىسىنى ئەمدىلا يېيىپ تۇرۇشىمىزغا قىزلارمۇ كىرىپ كېلىشتى- دە، ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئېگىلىپو تەزىم قىلغاندىن كېيىن كارىدوردا ئىككىلەنگىنىچە تۇرۇپ قالدى.

ـــ بۇ مېنىڭ ياتىقىم، تۈزۈت قىلماي كىرىۋېرىڭلار.

قىزلار بىرەر سائەت ئوينىغاندىن كېيىن بۇ مېھمانخانىنىڭ مۇنچىسىغا كىرىپ كېتىشتى. ئۇلار مېنى بىللە كىرىڭ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى، ئەمما ئۇلار ئۈچ قىز بولغاچقا مەن رەت قىلدىم. بىردەمدىن كېيىن ناخشىچى قىز ئۆزى يالغۇز يۈگۈرۈپ كىردى ۋە چيەن دەيزىنىڭ گېپىنى يەتكۈزدى:

ـــ ئاچام سىزنى كىرسۇن، دۈمبىسىنى يۇيۇپ قويىمەن، دەيدۇ.

مېنىڭ كىرگۈم كەلمەي ناخشىچى قىز بىلەن شاھمات ئويناشقا چۈشۈپ كەتتىم. ئۇ ئاجايىپ ياخشى ئوينايدىكەن. رۇڭجى ۋە باشقا قىزلار بىلەن ئايلانما شاھمات ئوينىسا ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئۇلارنى ئۇتۇۋالىدىكەن. مەن ئۇرۇقلۇق شاھماتقا بەك ئۇستا ئىدىم، ئادەتتىكى ئادەملەر مېنى ئاسانلىقچە يېڭىۋالالمايتتى. ئۇنىڭ بىلەن شاھمات ئويناۋېتىپ، ئەتەي ئۇتتۇرۇپ بەردىم. شۇ تاپتا ئىككىمىز يالغۇز قالغاچقا، بۆلەكچە خۇشال ئىدىم. ئۇ دەسلەپتە قولىنى سوزۇپ ئۇرۇقنى ماڭدى. ئەمما بارا- بارا ئۆزىنى ئۇنتۇپ، پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن شاھمات تاختىسىغا ئېڭىشىپ ئويناشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانچە تەبىئىي بولمىغان قۇندۇزدەك قاپقار چېچى مەيدەمگە تېگىپ قالدى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى.

ـــ كەچۈرۈڭ! يەنە تىل ئىشتىدىغان بولدۇم،ـــ ئۇ شۇنداق دېگىنىچە شاھماتنى ئىتىرىۋېتىپ يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدا ھېلىقى 40 ياشلاردىكى ئايال مۇنچىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. چيەن دەيزى بىلەن بەي خېزىمۇ ئالاقزادە بولۇپ مۇنچىدىن چىقتى- دە، ئىككىنچى قەۋەتكە چىقمايلا كېتىپ قېلىشتى.

ئۇ كۈنى رۇڭجى ياتىقىمدا ئەتىگەندىن كەچكىچە ئولتۇردى. مېھمانخانىنىڭ ساددا ئەمما ئىنتايىن سەمىمىي كۆرۈنىدىغان ئايال خوجايىنى ماڭا نەسىھەت قىلىپ: «بۇنداق ئادەملەرنى تاماققا تەكلىپ قىلغانلىق ئىسراپچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

كەچتە ئۇلار چۈشكەن سارايغا بارغان چېغىمدا ناخشىچى قىز ئانىسىدىن غىجەك چېلىشنى ئۆگىنىۋاتقان ئىكەن. ئۇ مېنىڭ جايىمدا تۇرۇپ قالغىنىمنى كۆردى- يۇ، ئانىسىنىڭ گېپىنى يىرالماي يەنە غىجەك چېلىشقا باشلىدى. ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئاۋازى سەل يۇقىرى چىقىپ كەتسە ئانىسى: «ئاۋازىڭنى بەك يۇقىرى چىقىرىۋەتمە دەپ ساڭا ئېيتتىمغۇ» دەيتتى. رۇڭجىنى ئاشخانىدىكىلەر ئىككىنچى قەۋەتتىكى زالغا چاقىرىپ چىقىپ كېتىشتى. ئۇ شۇ يەردە بىر نېمىلەرنى ئوقۇغقا باشلىدى.

ـــ ئۇ نېمە ئوقۇۋاتىدۇ؟

ـــ ناخشا تېكىستى.

ـــ ئۇ دېگەن كۆكتات ساتىدىغان ئادەم. نېمىلا ئوقۇغىنىڭىز بىلەن ئۇ بەرىبىر چۈشەنمەيدۇ.

شۇ ئەسنادا مۇشۇ سارايغا چۈشكەن 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر قۇش سودىگىرى ئىشىكنى ئېچىپ قىزلارنى تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. ناخشىچى قىز بىلەن بەي خېزى چوكىلىرىنى كۆتۈرۈپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ، قۇش سودىگىرىدىن ئېشىپ قالغان توخۇ شورپىسىنى ئىچىشكە باشلىدى. ئۇلار ئۆيدىن يېنىپ چىققاندا ھېلىقى سودىگەر ناخشىچى قىزنىڭ مۈرىسىگە يېنىك شاپىلاقلاپ قويدى. بۇنى كۆرگەن قىزنىڭ ئانىسى ئەلپازىنى بۇزۇپ:

ـــ ھوي، ھوي، بالىغا چېقىلماڭ، تېخى بويىغا يەتمىدى بۇ قىز،ـــ دېدى.

ناخشىچى قىزى ھېلىقى سودىگەرنى «مىتودىكى خۇاڭ مېننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» نى ئوقۇپ بېرىڭ دەپ تۇرۇۋالدى. ئەمما سودىگەر بىردەم تۇرۇپلا كېتىپ قالدى. ئۇ ئەمدى مېنى «ئوقۇپ بېرىڭ» دېدى. ئۇ بۇ گەپنى ماڭا ئۇدۇل دېيەلمەي ئانىسىغا دېگۈزمەكچى بولۇۋاتقاندەك ئىدى. مەن بىر ئۈمىدنىڭ تۈرتكىسىدە ھېكايە كىتابنى قولۇمغا ئالدىم. ناخشىچى قىز شۇئان يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى. كىتابنى ئوقۇشقا باشلىشىمغىلا ئۇ بېشىنى ماڭا يېقىن ئەكەلدى- دە، جىممىدە ئولتۇرۇپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن قۇلاق سالدى. باشقىلار كىتاب ئوقۇپ بەرگەندە ئۇ دائىم مۇشۇنداق قىلىدىغان ئوخشايدۇ، بايا ھېلىقى سودىگەر كىتاب ئوقۇپ بەرگەندىمۇ ئۇ سودىگەرگە يۈزى تېگىشىپ قالغۇدەك يېقىن ئولتۇرغانىدى. ئۇنىڭ قاپقار، يوغان بىر جۈپ كۆزلىرىدىن گۈزەللىك چاقناپ تۇراتتى. ئۇنىڭ چىرايلىق ئەزاسى دەل ئاشۇ كۆزى ئىدى. قوش قاپاقلىرى ئېيتقۇسىز دەرىجىدە چىرايلىق ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈلسە گۈلدەك ئېچىلىپ تولىمۇ نازاكەتلىك بولۇپ كېتەتتى.

بىر ھازادىن كېيىن ئاشخانا كۈتكۈچىسى ناخشىچى قىزنى ئېلغىلى كىردى. ئۇ كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ ماڭا: «ھازىرلا كىرىمەن، كەتمەي تۇرۇڭ، ئاخىرىنى ئوقۇپ بېرىڭ» دېدى.

ـــ ھەرگىز ناخشا ئېيتما جۇمۇ!ـــ دېدى ئانىسى. ئۇ دۇمباقنى ئېلىپ بېشىنى بوشقىنە لىڭشىتىپ قويدى. قىزنىڭ ئانىسى ئۆرۈلۈپ:

ـــ ھازىر دەل ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان پەيتى،- دېدى ماڭا.

ناخشىچى قىز ئاشخانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئەدەب بىلەن ئولتۇرۇپ دۇمباق چېلىشقا باشلىدى. بۇ يەردىن قارىغاندا ئۇنىڭ كۆلەڭگىسى خۇددى ياندىكى زالدا تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. دۇمباق ئاۋازىدىن كۆڭلۈم يايراپ كەتتى.

ـــ دۇمباق چېلىنىشى بىلەن تەڭ ئۆي ئىچى جانلىنىپ كېتىدۇ،ـــ دېدى قىزنىڭ ئانىسى ئۇدۇلغا قاراپ تۇرۇپ.

چيەن دەيزى بىلەن بەي خېزىمۇ تەڭلا ئاشۇ زال تەرەپكە كىرىپ كېتىشتى.

– ئاران مۇشۇلا . . . – ناخشىچى قىز سىقىمداپ تۇرغان بەش مولۇق تەڭگىلەرنى ئانىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. مەن «مىتولۇق خۇاڭمېننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن كىتابنى يەنە بىردەم ئوقۇپ بەردىم.

داۋامى بار

]]>
?feed=rss2&p=11385 0
تانسىخانىدىكى ھېكايە ?p=11383 ?p=11383#respond Sun, 09 Dec 2012 06:49:18 +0000 ?p=11383 تانسىخانىدىكى ھېكايە

ۋۇ شاۋجيەن

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

يۈەن مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچ قېتىم ئېرىنىڭ ياقىسىدا ئۇزۇن چاچ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. يۈەن بۇ چاچنى ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمدىكى چاچ بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىۋىدى، بۇ چاچلارنىڭ ئىنچىكە- توملۇقى، ئۇزۇن- قىسقىلىقى ئوخشاش چىقتى.

شۇنىڭ بىلەن يۈەن ئېرىنىڭ سىرتلاردا ئۇزۇن چاچلىق بىر ئايال بىلەن باردى- كەلدى قىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئۇ مۇشۇلارنى ئويلىسىلا غەزەپتىن ئۆرتىنىپ كېتەتتى.

ھەپتە ئاخىرىدا ئېرى كەچلىك تاماقنى يەپ بۇلۇپ يەنە چىقىپ كەتتى. يۈەنمۇ چاندۇرماي ئېرىنىڭ كەينىدىن تاپ باستۇرۇپلا چىقتى. ئۇ، بۇ قېتىم ئېرىنىڭ كەينىگە چۈشۈپ، ھېلىقى ئۇزۇن چاچلىق ئايالنىڭ زادى كىملىكىنى بىلىپ باقماقچى ئىدى. بىراق، ئۇ كوچىغا چىقىشى بىلەنلا، چاقناپ تۇرغان رەڭگارەڭ چىراغلار ئاستىدىكى مىغ- مىغ ئادەملەر توپى ئارىسىدا ئېرىنىڭ قارىسىنى يىتتۈرۈپ قويدى.

بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن يۈەن زادى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.

ئالدى تەرەپتىكى بىر تانسىخانىدىن كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان دېسكو مۇزىكىسى ياڭرىماقتا ئىدى. تۇيۇقسىز يۈەننىڭ مۇشۇ تانسىخانىغا كىرىپ، دەردىنى  تازا بىر چىقىرىۋالغۇسى كەلدى- دە، ئۇدۇل تانسىخانىغا قاراپ ماڭدى. يۈەن ئالا- يېشىل چىراغلار غۇۋا يورۇتۇپ تۇرغان تانسىخانىغا كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان لېمون چېيى بۇيرۇتتى. بۇ چاغدا تانسا مۇزىكىسى يېنىك بىر مۇزىكىغا ئالماشقان ئىدى. بىراق، يۈەننىڭ قەلبىنى ئالدىدىكى لېمون چېيىغا ئوخشاش ئاچچىق ھەم ئازابلىق بىې ھېسىيات چۇلغىۋالغانىدى، مەڭزىلىرىگىمۇ مارجاندەك ياشلار سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى. يۈەن سومكسىدىن قولياغلىقىنى ئالاي دەپ تۇرۇشىغا، تۇيۇقسىز بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

-خېنىم، كۆڭلىڭىز تازا جايىدا ئەمەس ئوخشايدۇ، لېكىن بەزى ئىشلار ئۈچۈن بىھۇدە ياش تۆكۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان ھالەتتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان ياش ھەم كېلىشكەن بۇ يىگىت، ئۇنىڭغا پاكىز قولياغلىقنى  سۇنۇپ تۇراتتى.

يۈەن سەل ئارىسالدى بۇلۇپراق قولياغلىقنى ئالدى ۋە ياشلىرىنى سۈرتتى، ئاندىن ھېلىقى يىگىتكە سەپسېلىشقا باشلىدى. ئاق پىشماق، كىلىشكەن، تالىپ چىراي بۇ يىگىت تاقىۋالغان كۆزەينىكى بىلەن كىشىگە بىر قاراشتىلا ياخشى تەسىر بېرەتتى. يۈەندە ئىختىيارسىز بىر يىگىتكە نىسبەتەن بىر خىل ياخشى تەسىرات پەيدا بولدى، يىگىت ئۇنى تانسىغا تاتىۋىدى، ئۇ تارتىشمايلا ئورنىدىن تۇردى. ئۇ نەچچە يىلدىن بېرى تانسىخانىغا قەدەم بېسىپ باقمىغاچقا، پۇت- قوللىرى كالۋالىشىپ، تانسىنى تۈزۈك ئوينىيالمىدى. يىگىت ئۇنىڭ ئۆزىگە تازا ماسلىشالمايۋاتقىنىنى كۆرۈپ، مۇزىكىنىڭ رېتىمىغا غىڭشىغاچ ئۇنى ئاستا ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى. بۇ چاغدا يۈەننىڭ يىگىتكە بولغان ياخشى تەسىراتى بىراقلا ھاياجانلىنىشقا باشلىدى.

-خېنىم، قارىغاندا سىز مەندىن چوڭدەك تۇرىسىز، مەن سىزنى« ئاچا» دەپ چاقىرىۋېرەي. ئاچا، تانسىخانىغا ئۆزىڭىز يالغۇز كەلگىنىڭىزگە قارىغاندا، بىرەر پىشكەلچىلىككە يولۇققان ئوخشايسىز. ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشتا دائىم بەخىتلىك ياشايمەن دېگىلى بولمايدۇ. تۇرمۇشتا بەزى بىر كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ بۇلۇپ تۇرۇشى تەبىئىي، بىرەر قېتىملىق ئازابنى دەپ كېيىنكى گۈزەل تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزگەننىڭ پايدىسى يوق. ئاچا، قورسىقىڭىزنى كەڭرەك تۇتۇڭ، تۇرمۇشتا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق. قارىسام ئۆزىڭىز شۇنچە چىرايلىق ھەم ئەقىللىقكەنسىز، كۆپ سۆزلىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوقكەن….- دېدى يىگىت.

يىگىتنىڭ شېرىن- شېكەر سۆزلىرى ئۇنى قوي مېيىدەك ئېرىتىۋەتتى،« ھازىر بۇنداق ئاق كۆڭۈل، كىشىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدىغان ئەرلەر ئاز ئۇچىرايدۇ» دەپ ئويلىدى ئۇ كۆڭلىدە. شۇنداق قىلىپ ئۇ يىگىتنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە مەستانە بۇلۇپ تانسىنى توختىماي ئوينىدى. يۈندە تۇيۇقىسىز يىگىتكە بولغان بىر خىل قىيالماسلىق ھېسىياتى پەيدا بولدى ۋە « تانسا ئاياغلاشقاندا چوقۇم ئۇنىڭ چاقىرغۇسىنىڭ نۇمۇرىنى سورىۋالاي» دەپ ئويلىدى.

بىراق، ئىش ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىدى.

ئەڭ ئاخىرقى تانسا مۇزىكىسى باشلانغان چاغدا يىگىت ئۇنىڭغا:

-ئاچا، چاي پۇلىنى تۆلىۋەتسىڭىز،- دېدى، بۇنى ئاڭلىغان يۈەن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمىغاندەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى.

-ئاچا، مەن سىزگە بىر ئاخشام ھەمراھ بولدۇم، شۇڭا چاي پۇلى ئالمىز،- دېدى يىگىت قايتىلاپ؛ شۇندىلا يۈەن ئىشنىڭ تىگىگە يەتتى ۋە ئۈمۈدسىزلەنگىنىچە ئاھ ئۇرۇپ قويدى، ئاندىن پورتمالىدىن پۇلنى چىقىرىپ يىگىتكە تەڭلىدى. يىگىت بولسا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتوشكىسىنى تەڭلىگەچ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

-ئاچا، بۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلىڭىز ئارامىدا يوق چاغلاردا، مېنى ئىزدەپ كەلسىڭىز بۇلىدۇ،- دېدى.

يۈەن ئاچچىقىدا تانسىخانىدىن يۈگۈرۈپ دېگۈدەك چىقىپ كەتتى.  

 

 بۇ ھېكايە ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›› نىڭ 2000- يىل 17- ئىيۇندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان

]]>
?feed=rss2&p=11383 0
يوقسۇل بالا ۋە ئالما دەرىخى(نۇرى جان) ?p=11369 ?p=11369#respond Thu, 06 Dec 2012 03:39:41 +0000 ?p=11369 يوقسۇل بالا ۋە ئالما دەرىخى

نۇرى جان (تۈركىيە)

خەدىچە ئاۋۇت تەرجىمىسى

بىر تاغنىڭ باغرىدا،بىر كىچىك يېزا ھەم شۇ يېزىنىڭ بۇلۇڭىدا يوپۇرماقلىرى ياپيېشىل،مىۋىسى قىپقىزىل بولغان ،يازنىڭ ئىسسىق كۈنىدا سايە تاشلاپ راھەتلىك بېرىدىغان بىر ئالما دەرىخى بار ئىكەن.
دەرەخنىڭ شاخلىرى ئارىسىغا قۇشلار ئۇۋا سالغان بولۇپ،شاختىن شاخقا قونۇپ زوق –شوخ بىلەن سايراپ ناۋا ئەيلەيدىكەن.ھەم ھەر كۈنى بۇ دەرەخنى كۆرگىلى كېلىدىغان گۈلگۈن يۈزلۈك ئەلى ئىسىملىك يوقسۇل ئەمما ئەقىللىق بىر بالا بار ئىكەن. «ئەي ئوماق بالا ئاۋازىمنى ئاڭلاۋاتامسەن؟»
كىچىك ئەلى بۇ ئاۋازنىڭ قەيەردىن چىقىۋاتقىنىنى بىلەلمەي ھەيران بولغىنىدىن ئۇياق-بۇياققا قاراپتۇ،بىر ھازادىن كېيىن يېشىل يوپۇرماقلىق قىزىل مىۋىلىك شۇ چوڭ ئالما دەرىخىنىڭ زۇۋانغا كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلىپتۇ.

-ئەي سۆيۈملۈك ئالما دەرەخى سەن گەپ قىلالامسەن؟- دەپ ھەيرانلىق بىلەن سوراپتۇ ئۇ. -ئەلۋەتتە،دەپتۇ،ئالما دەرىخى:« سەن قانداق گەپ قىلالىساڭ مەن ھەم شۇنداق گەپ قىلالايمەن،ئەمما ھېچكىم گىپىمنى ئاڭلىمايدۇ چۈنكى جىمجىت تۇرۇپ مېنى تىڭشىمايدۇ،ئالمىلىرىمنى ئۈزۈپلا قاچىدۇ» دەپتۇ.
-بوپتۇ خاپا بولما،دەپتۇ ئەلى،«شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان ئاستىڭدىن ئۇيان-بۇيان ئۆتىمەن،ئاۋازىڭنى پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىمەن،بۈگۈن قورسىقىم ئاچ ئالما يېيىش ئۈچۈن كەلگەنىدىم،گەپ قىلغىنىڭنى ئاڭلاپ بەكمۇ ھەيران قالغانىدىم،بىراق ئەمدى سېنى چۈشەندىم،چنكى مېنىڭمۇ دوستۇم يوق،مەن بىلەن ھەم ھېچكىم گەپلەشمەيدۇ،گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ،تولىمۇ يالغۇزمەن…»
كەمبەغەل ھەم يېتىم بولغانلىقى ئۈچۈن ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولمىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ ئەلى.
ئالما دەرىخى چوڭقۇر تىنىپ ئەلىگە شۇنداق دەپتۇ:« مەن بىلەن دوست بولامسەن؟ساڭا ھەر كۈنى مىۋىلىرىمنى بېرىمەن،قورسىقىڭنى تويغۇزىسەن»
كىچىك ئەلى شۇنداق ھاياجانلىنىپتۇ ،جاۋاپ بەرمەستىن جاۋاپ ئورنىغا ئىككى تامچە ياش تۆكۈپتۇ.
دەەخمۇ ھاياجانلانغىنىدىن :« مېنىڭ دەردىم دەل ئىنسانلاردىن دوستۇمنىڭ بولمىغىنى،ھەممىسى ئالمىنى ئېلىپلا مەندىن يىراقلىشىدۇ» دەپتۇ.
ئەلى دەرەختىن ئالغان ئىككى تال ئالمىنى مەيدىسىگە سۈرتۈپ ئۇنىڭغا رەھمەت دەپتۇ.
ئەلى ھەقىقەتەن بۈگۈنگە قەدەر بۇنچە تاتلىق ئالما يىمىگەنىدى.

شۇ كۈندىن ئىتىبارەن ئەلى بىلەن ئالما دەرىخى جانىجان ئاغىينىلەردىن بولۇشۇپتۇ،ھەر كۈن كۆرۈشۈپ سۇنىڭ ئېقىشلىرىنى ئاڭلاپ بىللە كۈلۈپ ،بىللە يىغلاپ،بىللە ئويناپتۇ،شۇ كۈندىن باشلاپ ئەلى ئالما دەرىخىنىڭ ياردىمى بىلەن بارلىق گۈل-چىچەك،ئۇچار-قۇش،جانۇ-جانىۋارلار بىلەن مۇڭدىشالايدىغان بوپتۇ.
ئەلى ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ،ئۇكىلىرى بىلەن دادىسىغا قاپتۇ،دادىسى ئېتىزلاردا،باغلاردا ئىشلەپ تاپقان ئىككى توك –توك پۇل بىلەن كۈنىنى كۈن ئېتىپتۇ،بىر كۈن كېلىپ دادىسى ئاغرىپ قاپتۇ ،ئۆيگە بىر نەرسە تېپىپ كېلىدىغان ئادەم قالماپتۇ.ھەممە ئىش بالىلارنىڭ چوڭى بولغان ئەلىگە قاپتۇ.
كۈنلەر مانا مۇشۇنداق داۋاملىشىۋاتقاندا ئەلى بىر كۈن روھى چىقىپ كەتكەندەك بېشىنى ساڭگىلاتقان ھالدا ئالما دەرىخىنىڭ يېنىغا كەپتۇ.ئالما ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى سوراپتۇ.ئەلى :« بولدى سورىما ئالما ئاداش،دادام كېسەل،پۇل تاپقۇدەك ھېچكىم يوق،ئۇكىلىرىم ئاچ،ھازىر پەقەت پۇل قالمىدى،قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ھېچ بىلەلمىدۇق» دەپتۇ.
«كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما،ھەر ئىشنىڭ بىر چارىسى باردۇر،قارا!ساڭا ئەڭ گۈزەل ئەڭ تاتلىق ئالمىلىرىمنى بېرەي بازارغا ئاپىرىپ سات،جىق پۇلۇڭ بار بولىدۇ» دەپ تەسەللى بېرىپتۇ ئالما دەرىخى.ئەلى تەسىرلەنگىنىدىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ئالما دەرىخىگە ئېېسىلىپ يىغلاپ كېتىپتۇ.

شۇنىڭدىن باشلاپ ئەلى دوستى سۇنغان شىرىن ئالمىلارنى ئاپىرىپ سېتىپ ئىھتىياجدىن ئارتۇق خېلى كۆپ پۇل تېپىپتۇ.
ئەلى بىر كۈن يەنە شۇنداق پەرىشان ھالەتتە ئالما تۈۋىگە كەپتۇ،ئوينىغۇسىمۇ كەلمەي مەيۈسانە ئولتۇرۇپتۇ.ئالما:« ئەلى ئاداش يەنە نېمە بولدۇڭ؟» دەپتۇ.
«ھالىمنى سورىما ئالما ئاداش،كونا بىر ئۆيىمىز بار ئىدى،يامغۇردا قېلىپ ئۆرۈلۈپ چۈشتى،دادام ۋە ئۇكىلىرىم بىلەن تالادا قالدۇق »دەپتۇ ئەلى.
«بۇنىڭمۇ بىر ئامالى بار ئەلى ئاداش،ئال بۇ شاخلىرىمنى،ياغىچىدىن كەپە ياسىۋىلىڭلار،بوران-يامغۇرلارغا دالدا بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس» دەپتۇ ئالما.
بالا مەمنۇنلۇق بىلەن ئالمىغا قاراپ كۈلۈپتۇ.

ئاي –يىللار سۇدەك ئېقىپ كىچىك ئەلى چوپ چوڭلا يىگىت بولۇپ قاپتۇ،چوڭ بولغانسىرى خىياللىرىمۇ كۆپىيىپتۇ بىر كۈن ئۇ يەنە پەرىشانلىق بىلەن :« مەن چوڭ بولدۇم ئالما ئاغىينە،ئارزۇلىرىممۇ چوڭايدى،باشقا يېزىلارنى باشقا شەھەرلەرنى كۆرۈپ باققۇم،دۇنيانى كەزگىم بار» دەپتۇ.

«ئۇنىڭمۇ چارىسى بار ئاغىينە،ئەڭ چوڭ شاخلىرىمنى كىسىپ كىمە ياسىغىن،يېنىڭغا مىۋىلىرىمدىن يەتكۈچە ئېلىۋال،دۇنيانى كەز،بارغان يەرلىرىڭدە قۇشلاردىن ماڭا خەۋىرىڭنى يوللىۋەت،خاتىرجەم بولاي،بەك يىراققا كەتمە،بەزى يەرلەر خەتەرلىك ،ساڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا مەن ئازاپلىنىمەن«
دەپتۇ ئالما دەرىخى.
«بۇ ئىنچىكە تاللىرىمنى،ئۇرۇقلىرىمنى يېنىڭغا سېلىۋال،ئايىغىڭ تەگكەن ھەر بىر يەرگە تېرىپ قوي بولامدۇ،چوڭ بولسۇن،مىۋە بەرسۇن ،سايە بەرسۇن،يىگەن ھەر كىشىگە شىپا بولسۇن،مېنىڭ غۇنچىلىرىم ھەر قانداق ئىقلىمغا ماس كېلىدۇ،ھەر قانداق يەردە تۇپراقنى قۇچاقلىغان قەلەمچە تاللىرىم شۇ زامان يىلتىز تارتىدۇ» دەپتۇ يەنە ئالما دەرىخى.
ئالما دەرىخىگە ئېسىلىپ قۇچاقلاپ يىغلاپتۇ ئەلى ۋە:« ئەنسىرىمە دوستۇم،ماڭا ھىچ ئىش بولمايدۇ،ماڭا قىلغان ياردەملىرىڭ ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن،ئەي سۆيۈملۈك ئالما دەرىخىم مىڭ يىللارچە ياشنىغىن،ھەر قېتىم قېيىن كۈنلىرىمدە يېنىمدا بولىسەن،ماڭا چەكسىز مۇھەببىتىڭنى بەردىڭ،سەندەك بىر جان دوستۇمنىڭ بولغىنىدىن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن» دەپتۇ.
ئەلى ئالما دەرىخىنىڭ شاخلىرىدىن دادىسى بىلەن بىرگە قېيىق ياساپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۇلار بىلەن خوشلۇشۇپتۇ.سۇلىرى كۆپكۈك ،شىلدىرلاپ ئاقىدىغان دەريا-جىلغىلاردىن ئۆتۈپتۇ،ھەر قەدەمدە جانجىگەر دوستى ئالمىنى ئەسلەپتۇ.

ئەلى سۈپسۈزۈك سۇلار ئۈستىدە سەپىرىنى داۋام قىلىپتۇ،بىر چاغلاردا ئۇ شۇ قەدەر جىمجىتلىقنى ھېس قىلىپ دوستىنى ئەسلەپتۇ،ئۇنى تاشلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ يىغلاپتۇ.ئۇ شۇنچىلىك قاتتىق يىغلاپتۇكى خۇددى ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ دەريا سۈيى ئۇلغۇيۇپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپتۇ.
ئەلى يىغلاپ يىغلاپ ئۇخلاپ قاپتۇ،كۆزىنى ئاچقىنىدا ئۆزىنى مىۋىلىرى ساڭگىلاپ پىشقان،قۇشلىرى ۋىچىرلاپ سايراپ تۇرغان،سۇلىرى سۈپسۈزۈك،ئويناقشىپ ئېقىپ تۇرغان بىر ئارالدا كۆرۈپتۇ.
ھەر تەرەپتە ئاھۇلار،توشقانلار جۈپ-جۈپ بولۇپ قوغلۇشۇپ ئوينايدىكەن،ئەلى خۇشاللىقتىن سەكرەپتۇ،ئەمما جانىجان دوستىدىن يىراقتا بولغىنىدىن ئەپسۇسلىنىپتۇ،خەۋىرىنى قۇشلاردىن ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپتۇ.قەدىمى تەگكەن ھەممە يەرگە ئالما ئۇرىقىنى سېلىپتۇ،ئالمىنىڭ قەلەمچىسىنى تىكىپتۇ،ئالمىلار تىزلا تۇتۇپ باراقسان ئۆسۈشكە باشلاپتۇ.يىللار ئۆتۈپ بۇ ئالما كۆچەتلىرىمۇ مىۋىلەپ ،سايە تاشلاپ كىشلەرنى ،جانىۋارلارنى ھوزۇرلاندۇرۇپتۇ.
ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ ،ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان،بەللىرى مۈكچەيگەن بىر قېرى ئادەم تاغلاردىن كەينىدىن چىقىپ ئاستا-ئاستا ئالما دەرىخىگە قاراپ  مېڭىپتۇ.
ئالما دەرىخىنىڭ ئاستىغا كېلىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپتۇ،ئالما دەرىخى كونا دوستىنى تونۇپتۇ.دالىلاردىن توپلىغان رەڭگارەڭ گۈللەردىن ياسالغان بىر گۈلچەمبىرەكنى ئەلىنىڭ گەۋدىسىگە تاشلاپتۇ ،ۋە ئۇنىڭغا ئىگىلىپ بوشقىنە :« سېنى سۆيىمەن» دەپ پىچىرلاپتۇ

]]>
?feed=rss2&p=11369 0