دورىيان گرېي – پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى http://www.pasahet.net Fri, 04 Nov 2016 04:54:31 +0000 ug-CN hourly 1 دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى(رومان): 1- باب ?p=10545 ?p=10545#respond Sun, 11 Dec 2011 04:39:42 +0000 ?p=10545 دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

رومان

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

كىرىش سۆز

 

19- ئەسىردىكى ئىستېتىزمنىڭ ۋەكىلى ئوسكار ۋىلدىنى دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئاجايىپ تالانتلىق شەخىس دېيىشكە بولىدۇ . بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاسى چوقۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن بولسا ، بەزىلەر ئۇنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايىتتى . چۈنكى ئۇ پەرىشتىدەك ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئىپلاسلىقنى ئۆزىدە تەڭ مۇجەسسەملىگەن زىددىيەتلىك شەخس ئىدى .
ئوسكار ۋىلدى 1854 – يىلى دۇبلىندا تۇغۇلغان ، قسقىغىنە ھاياتى ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە ئۆتكەن . ۋىلدىنىڭ دادىسى تېخنىكىسى يوقىرى تاشقىي كېسەللىكلەر دوختۇرى بولغاچقا ، ياۋروپادا قۇلاق كېسەللىكىنى داۋالايدىغان دوختۇرلارنىڭ پېشىۋاسى دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغانىدى . تېبابەتتىن باشقا ، ئۇ يەنە ئەدەبىيات ، ئارخېئولوگىيە ئىلىمىگە خېلى پىششىق ئىدى ، ئەمما ئۇ تۇرمۇشتا زىيادە چىرىكلەشكەن ، شەھۋەتپەرەس ، ئاچكۆز كىشى ئىدى . شۇڭا باشقىلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن «ئۇ ھۇشسىزلاندۇرۇش دورىسى بىلەن دىيانەتلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بىر ئايالنى ئازدۇردى» دەپ شىكايەت قىلغان . ئاپىسى جېن ئېركى ناھايىتى تالانتلىق ، شۆھرەت قازانغان شائىرە ھەم پىشقان سىياسىي ئانالىزچى ئىدى . ۋىلدى ئۆيدە دائىم بولۇپ تۇرىدىغان سالونلاردا ئاپىسىنىڭ مېھمانلار بىلەن قانداقتۇر بىر ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى . دېمەك ، ۋىلدى كىچىكىدىنلا ئاتا – ئانىسىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان . شۇڭا ، ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك دەرسلەرنى دادىسىنىڭ ناشتا ۋاقتىدا قىلغان سۆزلىرىدىن ۋە ئاپىسىنىڭ مېھمانلار بىلەن ئۆيدە قىلىشقان مۇھاكىمىلىرىدىن ئالغان ئىدى . ۋىلدى ئاتا – ئانىسىدىن چەكسىز پەخىرلىنەتتى . ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان «تۈرمە ئەسلىمىلىرى» دېگەن ئەسىرىدە ئاتا – ئانىسى توغرىسىدا : «ئاتا – ئانام ماڭا بىر ئىسىم ئاتا قىلدى ، ئۇلار بۇ ئىسمىمنى سەنئەت ، ئارخېئولوگىيە ، ئىلىم – پەندىلا ئەمەس ، يەنە ۋەتىنىمنىڭ بىر دۆلەتكە ئايلىنىش تارىخى جەريانىدا تېخىمۇ ئۇلۇغ شان – شەرەپكە ئىگە قىلدى» دەپ يازغانىدى .
ۋىلدى 20 يېشىدا ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ ژۇرناللارغا ماقالە بېرىشكە باشلىدى . ئەينى چاغدا ، داڭلىق يازغۇچى ۋە ئوبزورچى جون راسكىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ مۇزىيىدا بىر يۈرۈش لېكسىيە سۆزلەپ ، ئۆزىنىڭ ئېستېتىكا ئىدىيىسىنى مۇپەسسەل شەرھىيلەۋاتقان ئىدى . جون راسكىننىڭ «پائالىيەتچانلىقى بولمىغان تۇرمۇش جىنايەت ئۆتكۈزگەن بىلەن ، بەدىئىيلىكى بولمىغان پائالىيەت ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان بىلەن باراۋەر» دېگەن كۆز قارىشى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا تازا بازار تېپىۋاتقاندا ، ۋىلدى بۇ كۆز قاراشتىن چوڭقۇر ئىلھام ئالغان ۋە بۇ قاراشنى ھىمايە قىلغان . بۇنىڭدىن باشقا ، ۋارت پىنتېرنىڭ «ئەدەبىيات – سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش توغرسىدا تەتقىقات» دېگەن ئەسىرىمۇ ئۇنىڭ ئىلھامىنى خېلى قوزغىغان ئىدى . ۋىلدى ۋارت پىنتېر بىلەن كېيىن تونۇشقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت»دېگەن تەشەببۇسىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلدى . ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقاندا ، ۋىلدىنىڭ كىيىنىش ، يۈرۈش – تۇرۇش ، گەپ – سۆزى ئۆزگىچە بولۇپ ، ئۆيىمۇ ناھايىتى ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئىدى . تەققى – يۇرۇقىدىن تارتىپ ئىش – ھەرىكەتلىرىگىچە ئىستېتىزمچە سالاپەت سىڭىپ كەتكەنىدى . 1877 – يىلى ، ۋىلدىنىڭ ئىتالىيە ۋە گرېتسىيەگە قىلغان سەپىرى ئۆزىنىڭ ئىستېتىكا ئىدىيىسى ۋە سەنئەت نەزەرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلەتتى . ئوكسفوردقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئىستېتىكا پروفېسسورى بولۇپ ، ئىستېتىزملىق ئەدەبىيات – سەنئەت ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلدى . نەتىجىدە ، ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرى تېزلا كۆپەيدى . 1881 – يىلى 7 – ئايدا ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «ۋىلدى شېئىرلىرى» لوندوندا نەشر قىلىندى . بۇ – ۋىلدىنىڭ ئەدەبىيات سېپىگە رەسمىي يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى . شۇ يىلى ئۇ ئامېرىكا ۋە كانادادا ساياھەت قىلغاچ لېكسىيە سۆزلىدى . بۇ جەرياندا ئامېرىكا رومانتىزمچىلىقىنىڭ باشلامچىسى ھېلىن ئېخۇتماننى زىيارەت قىلىپ ، ئۇلارنىڭ غەيرىلىك ۋە ئەسەبىي ھېسسىياتنى قوغلىشىدىغان ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى تەشەببۇس قىلدى . «نىيۇيورك پېشىۋالار گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ۋىلدىنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭدىن :«ئىستېتىزىمنى بىر خىل پەلىسەپە دېيىشكە بولامدۇ؟» دەپ سورىغاندا ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستېتىزم نەزەرىيىسى توغرىسىدىكى كۆز قارىشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى : «ئىستېتىزمنى ئەلۋەتتە بىر خىل پەلسەپە دېيىشكە بولىدۇ . ئىستېتىزم سەنئەتتە يەنە قانداق نەرسىلەرنى بايقاشقا بولىدىغانلىقىنى ، تۇرمۇشقا يوشۇرۇنغان مەخپىيەتلىكلەرنى ئىزدەشنى تەتقىق قىلىدۇ . شۇڭا ئىستېتىزمنى سەنئەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ .»
1883 – يىلى ، ۋىلدى ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۆز ۋاقتىدا ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ يېڭى پىكىرلىرى جانلانغان مەركەز پارىژ شەھىرىگە بارىدۇ . ۋىلدى پارىژدا گوگۇل ، ھىيۇگۇ ، دود قاتارلىق يازغۇچىلار ، بىر قىسىم داڭلىق ئارتىسىتلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن تونۇشۇپ ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى ھەدىيە قىلغان ، ھەمدە چۈشكۈنلۈك ئېقىمى ئەدەبىياتى ۋە زۇلانىڭ ئەسەرلىرىدىكى زەئىپ ۋە بىنورمال تەسۋىرلەر ئۈستىدە يۈزەكى تونۇش ھاسىل قىلغان . ئۇ «گراف پادىئاي خانىم» ناملىق دىراممىنى يېزىپ چىقتى ، بۇ تىياتىر «ۋېرا» ناملىق تىياتىرغا ئوخشاشلا تازا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمىدى . لېكىن ، بۇ ئەسەر ئۇنىڭ كېيىنرەك يازغان«دورىيان گرېينىڭ پورتېرىتى» ناملىق رومانىنىڭ پروتوتىپى ئىدى . بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ، ۋىلدىنىڭ مۇشۇ مەزگىلدە روياپقا چىقارغان «سىفنىكىس» ناملىق داستانىدا ئۇنىڭ ئەدەبىي تالانتى ھەقىقىي نامايان قىلىنغان . پارىژ شەھىرى ۋىلدىغا گۈزەل تەسىراتلارنى قالدۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ۋىلدى يېرىم يىلدىن كېيىن لوندونغا قايتىپ كەتكەن .
1884 – يىلىنىڭ بېشىدا ، ۋىلدى دۇبلىندا بىر پۇلدار ئاۋوكاتنىڭ كانىستان لائوۋرىد ئىسىملىك بىر قىزى بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ . ئۇ بۇ قىزنىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان لاتاپىتى ۋە سەمىمىيلىكىگە مەپتۇن بوپ قالىدۇ ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ قىزغا ئۆيلىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، مۇھەببەت ۋىلدىنىڭ ئىجادىيىتىگە يېڭىچە ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كېلىشكە باشلايدۇ .
1885 – يىلى 5 – ئايدا ، ئۇنىڭ «شادىمان شاھزادە ۋە باشقىلار» («شادىمان شاھزادە» ، «بۇلبۇل ۋە ئەتىر گۈل» «شەخسىيەتچى ئادەم» ، «ساداقەتمەن دوسىت» ۋە «سېھىرلىك راكېتا» قاتارلىق ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن) ناملىق چۆچەكلەر توپلىمى نەشر قىلىندى . بۇ كىتاب نەشر قىلىنىشى بىلەن ، تېزلا غولغۇلا قوزغىدى . ۋىلدىمۇ قىزغىن پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى . «شادىمان شاھزادە ۋە باشقىلار» دېگەن چۆچەك ئەنگلىيىدە تا ھازىرغىچە داڭلىق چۆچەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە . بۇ چۆچەك ھازىرغىچە كۆپ قېتىم نەشر قىلىندى . «شادىمان شاھزادە» دېگەن چۆچەكتىكى باش قەھرىمان شادىمان شاھزادىنىڭ ھەيكىلى شەھەردە خۇددى قەبىھلىك ۋى غۇربەتچىلىككە تولغان جەمئىيەتكە نالە قىلغاندەك ھالەتتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ . بۇ شاھزادە قارلىغاچلارنىڭ ياردىمىدە ۋۇجۇدىدىكى بارلىقىنى نامراتلىق ئىلىكىدە زارلىنىۋاتقان كىشىلەرگە ئاتىغان ، ئەمما ئۆزى قارلىغاچ بىلەن ئەخلەت دۆۋىسىگە جور بولۇپ ، بىر بۇلۇڭدا بويۇن قىسىپ قالغان . ۋىلدىنىڭ «شەخسىيەتچى ئادەم» دېگەن چۆچىكىدە بايان ئىنتايىن ئىخچام بولۇپ ، تىلى گۈزەل ، شېئىرىي پۇرىقى مول بولغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .
1891 – يىلى دېكابىردا ، ئۇنىڭ «ئانار ماكانى» ناملىق يەنە بىر چۆچەكلەر توپلىمى دونياغا كۆز ئاچتى . بۇ كىتابقا «ئۆسمۈر پادىشاھ» ، «مەلىكىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى» ، «بېلىقچى ۋە ئۇنىڭ روھى» ۋە «يۇلتۇز بالا» قاتارلىق تۆت چۆچەك كىرگۈزۈلگەن . بۇ كىتابنى كىشىلەر ۋىلدىنىڭ تۇنجى چۆچەكلەر توپلىمىنى ئالقىشلىغاندەك ئانچە تېز ئالقىشلاپ كەتمىدى ، بەلكى قەدىر – قىممىتىنى ئاستا – ئاستا تونۇدى . بولۇپمۇ ، ۋىلدى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ، بۇ چۆچەكلەر توپلىمىنى بىلمەيدىغان ئادەم قالمىدى .
ۋىلدىنىڭ چۆچەكلىرى تەسەۋۋۇرغا باي بولۇپ ، گۈزەل تىل ، قۇيۇق شېئىرىي ھېسسىيات ۋە تەسۋىر ئارقىلىق ئاپتورنىڭ زىل يەكۈنگە ئىگە ئىقتىدارى ۋە ئىستېتىزمچە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن . بۇ چۆچەكلەرنىڭ ۋەقەلىكىگە باشتىن – ئاياغ بىر تېما سىڭدۈرۈلگەن ، ئۇ بولسىمۇ ھۆكۈمران سىنىپ بىلەن دۆلەتمەنلەرنىڭ نەپسانىيەتچىلىكى ، شەخسىيەتچىلىكى ، رەھىمسىز – ياۋۇزلىقى قامچىلىنىپ ، ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىغا مەدھىيە ئوقۇلغان ، ئاپتورنىڭ ئاجىزلارغا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە ھېسىداشلىقى ئىپادىلەنگەن . شۇ ۋەجىدىن ، ۋىلدى تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىنمۇ ژۇرنالغا داۋاملىق ماقالە بېرىپ تۇردى ۋە كۆپلەپ لېكسىيە سۆزلىدى . 1887 – يىلىدىن 1889 – يىلىغىچە «ئاياللار دۇنياسى» ناملىق ئايلىق ژۇرنالدا تەھرىرلىك قىلدى ، بىكار بوپ قالغان چاغلىرىدا نۇرغۇن پوۋېسىت يازدى . بۇ ئەسەرلىرى بىر نەچچە يىلدىن كېيىن «لورد ئارتور ساۋىرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى» دېگەن نام بىلەن توپلام قىلىنىپ نەشردىن چىقتى . 1891 – يىلى ، ئۇ «غەرەز» ناملىق ئەدەبىي ئوبزورلار توپلىمى بىلەن «سوتسىيالزم تۈزۈمى شارائىتىدىكى كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتى» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى ھەمدە «سالومې» ناملىق شېئىرىي دىراممىسىنى يېزىشقا كىرىشتى .


شۇ زامانلاردا كىشىلەر ھەمجىنىسلار مۇھەببىتىنى قاتىللىقتىنمۇ ئۆتە قەبىھ قىلمىش دەپ ئېغىر ئالاتتى . لېكىن ئەنگلىيىلىكلەر دېگىنىنىڭ ئەكسىنى قىلىدىغان زىددىيەتلىك مىللەت ئىدى . 19 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە جەمئىيىتىدە بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەر بىلەن ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەتلىشىش بۆلەكچە ئەۋج ئالدى . ۋىلدى بەچچىۋازلارنىڭ باشلامچىسى ۋە ھىمايىچىسى بولۇپ ، 1886 – يىلى ئۆزىدىن خېلىلا كىچىك روبېرت روس ئىسىملىك بىر ئوغۇلبالا بىلەن مۇھەببەت پەيزىنى سۈرگەن ئىدى . 1891 – يىلى ، ئۇ يەنە لورد دوگلاس ئىسىملىك بىر يىگىتكە ئىختىيارسىز مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ . لورد دوگلاس كېلىشكەن ، قامەتلىك ، سېرىق چاچ ، كۆك كۆزلۈك يىگىت بولۇپ ، ئۇنىڭغا ئەرلەرنىڭمۇ ، ئاياللارنىڭمۇ كۆزى ئوخشاشلا چۈشۈپ قالاتتى . لورد دوگلاسنىڭ دادىسى ماركىز كۇنسبۇرىي ئوغلى بىلەن ۋىلدىنىڭ باشقىچە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايقاپ قېلىپ ، ۋىلدىنى كىشىلەرنىڭ ئالدىدىلا نۇمۇسقا ئۆلتۈرىدۇ . ۋىلدى ئاچچىقىدا ماركىز كۇنسبۇرىينى ماڭا تۆھمەت قىلدى دەپ سوتقا ئەرز قىلىدۇ . لېكىن ، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك ، سوت ۋىلدىنى «ئەخلاقسىزلىق» جىنايىتى بىلەن ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ . ئايالى بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلىنىپ ، ئۇ تۈرمىدىن چىققۇچە ئۆلۈپ كېتىدۇ . ۋىلدى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ، ئەنگلىيىدىن فرانسىيىگە بېرىپ ، سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلايدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامى بارغانسېرى سۇسلىشىدۇ . ۋىلدىنىڭ دەبدەبە بىلەن يېزىلغان باشقا شېئىرلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ، ئۇنىڭ بىر كامېردا بىللە تۇرغان تۈرمىدېشىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان «رېدىن تۈرمە مارشى»ناملىق شېئىرى چىن ھېسسىيات ۋە روشەن ئۇسلۇبقا ئىگە .
ۋىلدى شېئىر ، چۆچەك ، نەسىر ، رومان يېزىقچىلىقىدا كامالەتكە يېتىپلا قالماي ، يەنە دىرامما ئىجادىيتىدىمۇ كامالەتكە يەتكەن دىرامماتورگ . ئۇ جەمئىي توققۇز پارچە سىنارىيە يازغان . بۇنىڭ ئىچىدە كومېدىيىلىك تىياتىر «ۋىندىمر خانىمنىڭ يەلپۈگۈچى» ، «ئەرزىمەس ئايال» ، «كۆڭۈلدىكىدەك ئەر» ، «ئەستايىدىللىقنىڭ مۇھىملىقى» قاتارلىق دىرامملىرى ھازىرغىچە سەھىنىلەردە ئوينىلىپ كەلمەكتە . بۇ كومېدىيىلىك تىياتىرلاردا ، ۋىلدى ئۆتكۈر ھەجىۋى تىل بىلەن جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ياشايدىغان كىشىلەرنى مەسخىرە قىلغان . ئوبىيېكتىپ جەھەتتە ، ئەنگلىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان ساختا ئەخلاقى بىلەن بىمەنە ئادەتلىرىنى ئەيىبلىگەن .
ئۇ بىر پەردىلىك دىرامما « سالومې »نى 1891 – يىلى «ئىنجىل»دىكى بايانلار ئاساسىدا ئىجاد قىلغان بولۇپ ، «ماكفېيىن» نىڭ 6 – بابى ۋە «ماتفېيىن» نىڭ 14 – بابىدا مۇنداق مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن : پادىشاھ شىرۇ ئىنىسى فېرىنىڭ خوتۇنى شىرودىنى ئەمرىگە ئالماقچى بولىدۇ . قائىدە – يوسۇنغا بەكلا ئىتائەت قىلىدىغان يوھان پادىشاھ شىرونى نەچچە رەت ئاگاھلاندۇرۇپ : «شىرودىنى ئەمرىلىرىگە ئالسىلا بولمايدۇ» دەپ توسىدۇ . بۇنىڭدىن پادىشاھ شىرۇنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىدۇ . پەيغەمبەرلەرنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىشىدىن قورقۇپ ، جوننى ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماي ، زىندانغا تاشلاپلا بولدى قىلىدۇ . پادىشاھ تەۋەللۇت كۈنىنى خاتىرىلىمەكچى بولۇپ ، ۋەزىر – ۋۇزۇرالىرىنى زىياپەتكە چىللايدۇ . ئۇنىڭ ئامراق قىزى سالومې زىياپەتتە ئۇسسۇل ئويناپ ، پادىشاھ شىرونى ئاجايىپ خۇرسەن قىلىۋېتىدۇ . پادىشاھ قىزىغا قەسەم بېرىپ : «سەن نېمە دېسەڭ ، شۇنى بەجا كەلتۈرىمەن» دەيدۇ . قىزى نېمە تەلەپ قىلىشنى بىلەلمەي ، بېرىپ ئانىسىدىن سورايدۇ . ئانىسى «قائىدە – يوسۇنچى جوننىڭ كاللىسىنى سورا»دەپ گەپ ئۆگىتىدۇ . سالومې ئاپىسىنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە پادىشاھتىن جوننىڭ كاللىسىنى سورايدۇ . پادىشاھ شىرو بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق پەرىشان بولىدۇ . لېكىن ، قىزىغا قەسەم بېرىپ قويغاچقا ، ئامالسىز ياساۋۇللىرىغا يوھاننى ئۆلتۈرۈشكە پەرمان چۈشۈرۈپ ، يوھاننىڭ كاللىسىنى قىزىغا بېرىدۇ . قىزى كاللىنى ئېلىپ ئانىسىغا بېرىدۇ . يوھاننىڭ شاگىرىتلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ، يوھاننىڭ بېشى يوق جەسىتىنى ئېلىپ كېتىپ دەپنە قىلىدۇ . دېمەك ، «ئىنجىل» دىكى يوھاننىڭ ئۆلۈمىگە سالومې ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ ئاپىسى سەۋەبچى بولغانىدى .
ۋىلدى بولسا «ئىنجىل» نى ئۆزگەرتىپ يازغانىدى . ۋىلدى يازغان « سالومې »دىراممىسى يوھان زىندانغا تاشلىنىپ بولغان چاغدىن باشلىنىدىغان بولۇپ ، سالومېنىڭ دىققىتىنى يوھاننىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ئۆزىگە تارتىدۇ . سالومې گۇندىپايلارغا بۇيرۇق قىلىپ ، يوھاننى زىنداندىن ئازات قىلىدۇ ھەمدە چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان يوھانغا تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز دەرىجىدە ئاشىق – بىقارار بولىدۇ – دە ، ئۇنىڭغا مەجنۇنلارچە مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ . لېكىن ، يوھان سالومېنىڭ مۇھەببىتىنى قوپال سۆز – ئىبارىلەر بىلەن رەت قىلىدۇ . بۇنى خورلۇق ھېسابلىغان سالومېنىڭ قەلبىدە قىساس ئوتى يالقۇنجاپ ، يوھانغا ئەسەبىيلەرچە : «مەن لەۋلىرىمنى لەۋلىرىڭگە ياقماي قويمايمەن» دەيدۇ . سالومې پادىشاھ شىرونىڭ ئالدىدا لەرزان ئۇسسۇل ئوينىغىنىچە پەيدا بولىدۇ . ئۇنىڭ قۇشتەك يېنىك ، لەرزان ئۇسسۇلى پادىشاھ شىرونىڭ ئەس – ھۇشىنى ئالىدۇ . بۇ چاغدا ، سالومې ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئارقىلىق پادىشاھتىن يوھاننىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ بولغانىدى . پادىشاھ شىرو ئامالسىزلىقتىن يوھاننىڭ كاللىسىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ . قىزى سالومېنىڭ يوھاننىڭ قانغا مىلەنگەن كاللىسىنى ئەسەبىيلەرچە سۆيۈۋاتقىنىنى كۆرۈپ قاتتىق دەرغەزەپكە كەلگەن پادىشاھ ھېسسىياتى چېكىدىن ئاشقان بۇ تەلۋە قىزىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ .
سالومې بىردەملىك لەززەتنى دەپ قىممەتلىك ھاياتىنى نابۇت قىلىدۇ ، ھەش – پەش دېگۈچە گۈزەللىكىدىن مەڭگۈلۈك خوشلىشىدۇ . ۋىلدى «ئىنجىل» دا ئەسلى تولىمۇ بىغۇبار ، سەبىي قىلىپ تەسۋىرلەنگەن سالومېنى ئۆزىنىڭ دىراممىسدا شەھۋانىي نەپسى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدىغان ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ ، بۇنى كلاسسىك پېرسۇناژلارنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈپ ، يېڭىچە بىر ئۇسلۇبنى يارىتىدۇ . بۇ ئەسەردىكى سالومې بىردەملىك لەززەتنى قوغلىشىدىغان ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە تەلۋە قىز . ۋىلدى مۇشۇ ئوبراز ئارقىلىق ئىستېتىزمنى ئەڭ يۈكسەك مەدەنىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكەن . بۇنىڭ رېئال ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى ، ئىستېتىزم ئىستېمالىزم تەكىتلەيدىغان «بىردەملىك راھەت» قارىشى بىلەن تاساددىپىي ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇپ قالغان ، « سالومېنىڭ سۆيۈشى» بىر خىل ھايات ئۇقۇمىغا ئايلىنىپ كەتكەن . بۇ بەلكىم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەۋج ئالغان ۋىلدى قىزغىنلىقىنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كېرەك .

فلوبىر ، ماللارمى قاتارلىقلارمۇ مۇشۇنى خام ماتېرىيال قىلىپ ئىجادىيەت قىلغانىدى . فرانسىيىنىڭ سىمۋولىزىمچى رەسسامى گۇستاف مورلو 1876 – يىلى «ئەرۋاھ» ۋە « سالومېنىڭ ئۇسسۇلى» ناملىق ئىككى پارچە ماي بۇياق رەسىم سىزىپ ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن سالومېنىڭ مەڭگۈلۈك ئوبرازىنى ياراتتى . رەسىمدىكى زىيادە كۆپتۈرۈلگەن تەسۋىر ، شەھۋانىي قىياپەتلەر ۋە شەھۋەت ئۇرغۇپ تۇرغان چىرايلار «ئەسەبىيلىكى مەڭگۈ يوقۇمايدىغان ئايال ئىلاھ» ۋە «چەكسىز شەھۋەت» كە ۋەكىللىك قىلغانىدى . ۋىلدى « سالومې » دىراممىسىنى ئىجاد قىلغاندا ، سەنئەت شەكلىنى ئىسلاھ قىلىشنى توغرا تاپقان . «ئادەم ۋە نەرسىلەردە ئېنىق ئىپادە قىلىنغان جىمى نەرسىدىن خويمۇ بىزار بولدۇم . مەن سەنئەت ، تۇرمۇش ۋە تەبىئەتكە يۇشۇرۇنغان سىرلارغا تەلپۈنىمەن .» بۇ گەپلەر ۋىلدىنىڭ سەنئەتكە بولغان ئۆزگىچە تەلپۈنىشىنى مەرلەزلىك گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ . 1905 – يىلى گېرمانىيىلىك كومپوزىتور رىچارد سىتراۋس « سالومې » نى سەھىنىلەشتۈرگەندىن كېيىن ، « سالومې » دىراممىسىنىڭ داڭقى چىقىپ كەتتى . 1920 – يىلى تىيەن خەن « سالومې » نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇردى . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، شاڭخەي جوڭخۇا نەشرىيات ئىدارىسى تىيەن خەن تەرجىمە قىلغان « سالومې » دىراممىسىنى كىتاب قىلىپ نەشىر قىلدى . 1929 – يىلىغا كەلگەندە ، نەنجىڭدا سەھىنىگە ئېلىپ چىقىلىپ ، جۇڭگۇ يازغۇچىلىرى بىلەن تاماشىبىنلار ئارىسىدا كۈچلۈك غولغۇلا قوزغىدى .
«دورىيان گرېينىڭ پورتېرىتى» ناملىق بۇ ئەسەر ۋىلدىنىڭ بىردىنبىر رومانى بولۇپ ، ئىستېتىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ . بۇ ئەسەردە مۇنداق ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ : دورىياننىڭ قاملاشقان چىرايى رەسسام بازىل خالۋاردنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامى ۋە بەدىئىي تەسەۋۋۇرىغا زور ئىلھام بېرىدۇ – دە ، دورىياننىڭ پورتېرىتىنى ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت بىلەن سىزىپ چىقىدۇ . دورىيان گرېي ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز قاملاشقان چىراينىڭ رەسىمدە ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ ، ئاشۇ قاملاشقان چىرايىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرىپ سەتلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ، ھازىرقى مۇشۇ جەلىپكار قىياپىتىنىڭ ھامىنى يوقىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ چەكسىز ئىزتىراپ چېكىدۇ ۋە روھىنى ئالماشتۇرۇش بەدىلىگە ياشلىق باھارىنى ، قاملاشقان چىرايىنى ساقلاپ قېلىش ، چىرايىدىكى يىللارنىڭ ئىزناسى بولمىش قورۇقلارنى رەسىمىگە يۈكلەپ قويۇشتەك بىر ئىستەك كاللىسىغا كېلىدۇ . ئويلىمىغان يەردىن مۆجىزە يۈز بېرىپ ، ئۇنىڭ بۇ ئىستىكى راستىنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، لورد ھېنىرىنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا ، دورىيان مودا قوغلىشىپ ، راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇشقا بېرىلىپلا كېتىدۇ . خىيالىغا كەلگەننى قىلىدۇ ، ۋۇجۇدىدا ھېيىقىش ، خىجىل بولۇش دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ . ئۆزىنى ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالغان ياش ئارتىسىت قىز سىبىل ۋېيىنغا شەپقەتسىزلىك قىلىپ ، قىزنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ . دەسلەپتە سىبىلنىڭ ئۆلۈمىدىن يۈرىكى پۇچۇلىنىدۇ . لېكىن ، لورد ھېنىرىنىڭ «ياشلىق ئادەمگە باقىۋەندە ئەمەس ، ياشلىقىڭدا قانغۇچە ئويناپ – كۈلۈۋال» دېگەندەك گەپلىرىدىن تېزلا ئۆزگىرىپ ، غېمىدە يوق ئويناپ – كۈلۈپ ياشاۋېرىدۇ .
دورىياننىڭ نۇرغۇن دوسىتلىرىمۇ ئۇنىڭ چۈشكۈن ۋە شاللاقلىقى تۈپەيلى ، ئابرويى تۆكۈلۈپ ۋەيران بولىدۇ . رەسسام بازىل خالۋارد ئۇنىڭ بۇ چۈشكۈن قىياپىتىگە ئېچىنىپ ، ئۇنى قايتىدىن ئادەم بولۇشقا ئۈندەيدۇ . بۇنىڭدىن غەزەبلەنگەن دورىيان ئاچچىقىدا بازىلنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ۋە يەنە بىر دوستىغا تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇپ يۈرۈپ ، بازىلنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرگۈزۈپ ئىزىنى يوقۇتىۋېتىدۇ . ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كېتىدۇ . ئۇ شۇنچە يىل ئەيىش – ئىشرەت بىلەن ياشىغان بولسىمۇ ، لېكىن چىرايىدىن كەتمەي ، 20 ياش ۋاقتىدىكىدەك ياپياش تۇرىدۇ . ئەمما ئۇنىڭ پورتېرىتى خۇنۇكلىشىپ ، رەسىمنىڭ ئاغزى ئەتراپلىرىغا قورۇقلار چۈشۈشكە باشلايدۇ . ئاخىرىدا دورىيان رەسىمدىكى بەدبەشرە ھالىتىنى كۆرۈپ ، ئۆزىنىڭ تالاي جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ شاھىدى بولمىش بۇ رەسىمنى پىچاق بىلەن يىرتىپ تاشلىماقچى بولغاندا ، ئويلىمىغان يەردىن پىچاق ئۆزىنىڭ كۆكسىگە سانجىلىدۇ . دەل شۇ چاغدا ، رەسىم ئەسلىدىكى چىرايلىق ھالىتىگە قايتىپ قالىدۇ . بۇ روماننىڭ خاتىمىسى« سالومې » غا ئوخشاش بولۇپ ، ھەر ئىككىلىسى زوراۋانلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . خەنجەر دورىياننىڭ كۆكسىگە سانجىلغاندىن كېيىن ، روھى تېنىدىن ئاجرايدۇ ۋە ئەسلىدىكى قاملاشقان ، سۇمباتلىق تۇرۇقىدىن ئەسەر قالمايدۇ . شۇڭا ، ئالبېرت كاموسنىڭ : «ۋىلدى ، تۇرمۇشنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىگە شۇڭغىغاندىن ، سەنئەتنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىگە شۇڭغىغان ئەۋزەل ، دەپ قارايدۇ . ئۇ سەنئەت ئارقىلىق ئۆزۈمچىلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان مۇستەقىل تۇرمۇش ياراتماقچى بولىدۇ» دېيىشىمۇ بىكار ئەمەس .
روماندىكى باش پېرسۇناژ دورىيان گرېينىڭ چۈشكۈنلۈكى ۋە نامۇۋاپىق ھېسسىيات خاھىشى بىلەن ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى قائىدە – يوسۇنغا ، ئالىيجانابلىققا ئىنتىلىش ، مەدىنىي ، ئەدەبلىك بولۇش ئۆز ئارا توقۇنىشىدۇ .  رومان يورۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلدى .  ئەمەلىيەتتە ، بۇ روماننى ئەستايىدىل ئوقۇپ كۆرگەندە ، روماننىڭ مەزمۇنىغا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن ئىبرەتلىك مىساللارنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ . خۇددى ھازىرقى زامان ئەدەبىي ئوبزورچى ۋېينار ۋېلكنىڭ ئېيىتقىنىدەك : «بۇ روماندا ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنى جازالايدىغان ئىبرەتلىك كارتىنىلار بار» . مەزكۇر روماندا باش پېرسۇناژ دورىيان گرېي ، رەسسام بازىل خالۋارد ۋە لورد ھېنىرى قاتارلىق ئۈچ شەخس ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئارقىلىق ، ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي تەبىئىتى ، شەھۋەتخورلۇق ، ئالىيجانابلىق ، رەزىللىك ، گۈزەللىك ، بەد- بەشرىلىك قاتارلىق ئېتىكىلىق ئۇقۇملار ھېسسىي رەۋىشتە نامايەن قىلىنغان . ئۇلارنىڭ ئاڭ قاتلىمىنىڭ قۇرۇلمىسىنى فروئىدنىڭ ئۈچ قاتلاملىق خاراكتېر نەزەرىيىسى بويىچە تەھلىل قىلىدىغان بولساق ، بۇ ئۈچ پېرسۇناژ ئەمەلىيەتتە ، دورىياننىڭ ئوخشىمىغان ئۈچ خىل روھىيى ھالىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ . بازىل خالۋارد ئۆزىدىن ھالقىش تىپىدىكى ئادەم . ئۇ ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل بولۇپ ، دورىياننى قەدىر – قىممەتلىك ياشاشقا ئۈندەيدۇ . لورد ھېنىرى بولسا ئۆزلۈكنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ ، «ئادەم ئاڭسىز ھايۋان ، ئادەم ئۆزىدىكى ياۋايى ئىستەكنى ئىنكار قىلغاچقا ، جازاغا مەھكۇم بولىدۇ » دەپ قارىغاچقا ، دورىياننى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئويناپ – كۈلۈشكە ، ياۋايى ئىستىكىنى ھەرۋاقىت يېتەرلىك قاندۇرۇپ تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ . دورىيان بولسا ئۆز تەبىئىتىگە نامۇناسىپ ئىش تۇتقان شەخىس ، ئۇنىڭ قەلبى قاملاشقان چىرايىدىن كۆتۈرۈۈلپ كەتكەن . ئۇ سۈرىدىغان ھوزۇرنى سۈرۈپ ، قىلىدىغان ئەسكىلىكىنى قىلىپ تويغاندىن كېيىن ، رەسىمدىكى بەدبەشرە تۇرۇقىدىن قورقۇپ ، رەسىمنى يىرتىپ تاشلىماقچى بولغاندا ، ئۆزى ھالاك بولىدۇ . رەسىم دورىيان جان ئۈزۈش بىلەن تەڭلا ئەسلىدىكى چىرايلىق ھالىتىگە قايتىدۇ . پورتېرىت بىلەن دورىياننىڭ ئۆلۈكى روشەن سېلىشتۇرما قىلىنغان بولۇپ ، بۇنى سەنئەت بىلەن ئەمەلىيەت ھاسىل قىلغان مىسىلسىز سېلىشتۇرما دېيىشكە بولىدۇ . قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان دورىيان بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى ، ئەمما پورتېرىت مەڭگۈ ساقلىنىپ قالدى . ۋىلدى ئىنتىلگەن «سەنئەت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . ھەتتا رېئاللىقنى ، پايدا – مەنپەئەتنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەن ئىستېتىكىلىق ئىدىيىسى روماندا تولۇق ئەكسىنى تاپقان .

بىرىنچى باب

رەسىم سىزىش ئۆيىنى ئەتىرگۈلنىڭ ھىدى بىر ئالغان ، سەلكىن شامال ھويلىدىكى يېشىل دەرەخلەرنى ئەسكىپ ئۆتۈپ ، سۆسۈن سېرىن گۈلىنىڭ خۇش ھىدىنى ئوچۇق ئىشىكتىن ئۆيگە دەممۇدەم ئۇرۇپ تۇراتتى.

لورد ھېنىرى ۋاتتون پارس خۇرۇمىدا قاپلانغان ئۇزۇن سافادا ئادىتى بويىچە تاماكىسىنى ئۇلاپ – ئۇلاپ چىكىپ ئولتۇراتتى ، دىۋان قويۇلغان بۇلۇڭدىن سىرتقا نەزەر تاشلىغاندا ، ھۈپپىدە ئېچىلغان ئالتۇنرەڭ گۈللەر كۆزگە تاشلىناتتى. گۈل شاخلىرى گويا يالقۇن كەبى ئېچىلغان ناز گۈللەردىن مەسىت بولغاندەك بوشقىنە تەۋرىنەتتى . ئۆينىڭ يوغان دەرىزىسىگە يىپەك پەردە تارتىلغان ، سىرىتتا ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلارنىڭ شولىسى پەردىگە چۈشۈپ ، قارىغان كىشىگە ياپۇنچە رەسىمدەك تۇيغۇ بېرەتتى . بۇ- ئۇنىڭغا چېھرى قەغەزدەك ئاقارغان توكيۇلۇق رەسساملارنى ئەسلىتەتتى . ئۇلار مۇشۇنداق تۇرغۇن ھالەتتىكى سەنئەت ئۇسلۇبى ئارقىلىق تولىمۇ نازۇك بىر ھېسىىياتنى ئىپادىلىمەكچى ئىدى . ھەسەل ھەرىلىرى گاھ قىرقىلمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان چىملىق ئۈستىدىن قانات قېقىپ ئۇچۇپ ئۆتسە، گاھ ياپراقلىرىنى بىر ئىلىك توپا باسقان قىشقا چىداملىق ئالتۇنرەڭ باراقسان گۈللەرنى چۆرىدەپ غوڭۇلدايتتى . ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ غوڭۇلدىغان ئاۋازى گويا شۇ تاپتىكى تىمتاسلىقنى بېسىپ كەتمەكچى بولغاندەك قىلاتتى . لوندون شەھىرىدىن تارقىلىۋاتقان سۇس شاۋقۇن گويا يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان يېنىك گارمۇن كۈيىنى  ئەسلىتەتتى .

ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا بىر رەسىم سىزىش جاھازىسى تىكلەپ قويۇلغان ، جاھازىغا تولىمۇ جەلىپكار بىر يىگىتنىڭ ئۇستىلىق بىلەن سىزىلغان پورتېرىتى قىستۇرۇغلۇق ئىدى . رەسىمنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئىجادچىسى – رەسسام بازىل خالۋارد ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ بىر نەچچە يىل ئىلگىرى تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىشى ناھايىتى زور غولغولا قوزغىغان ، غەلىتە قىياسلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانىدى .

بازىل شۇ تاپتا ئادەتتىن تاشقىرى ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ ياراتقان بۇ نەپىس ئوبرازغا قاراپ ئولتۇرۇپ ، چېھرىدە مەمنۇنىيەت كۈلكىسى جىلۋىلەندى، بۇ كۈلۈمسىرەش ئۇنىڭ چېھرىدىن ھېچ ئۆچىدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇ ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ ، كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمدى ، گويا غەلىتە بىر چۈشنى كاللىسىغا بەنت قىلىۋېتىپ ، شۇ چۈشىدىن ئويغىنىپ كېتىشنى خالىمغاندەك ، قوللىرى بىلەن يۈزىنى ئەتتى .

– بۇ – رەسىملىرىڭىزنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىلى بوپتۇ ، بازىل ، – دېدى لورد ھېنىرى ئېزلەڭگۈلۈك بىلەن ، – ئۇنى كېلەر يىلى گروسۋېنور رەسىم كۆرگەزمىسىگە چۇقۇم ئاپىرىڭ . خان جەمەتى گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتوتى زىيادە چوڭ ھەم چاكىنا . قاچانلا بارسام ، بىر بولسا ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن رەسىملەرنى ئېنىق كۆرەلمەي خۇيۇم تۇتىدۇ ؛ بىر بولسا ، رەسىمنىڭ كۆپلۈكىدىن ئادەملەرنى كۆرەلمەي ئىچىم پۇشىدۇ . گروسۋېنور رەسىملىرىڭىزنى كۆرگەزمە قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ .

– ئۇنى ھېچيەردە كۆرگەزمە قىلغۇم يوق، – دېدى رەسسام بېشىنى كەينىگە ئېتىپ قويۇپ . ئۇنىڭ بۇ غەلىتە ھەرىكىتىنى ئىلگىرى ئوكسفوردتتىكى دوستلىرى ھەدېسىلا مازاق قىلاتتى ، – ياق ، ئۇنى ھېچنەگە ئاپارمايمەن .

لورد ھېنىرى قاشلىرىنى ھىمىرىپ قويۇپ ، ئاغزىدىن چىقىۋاتقان كۆكۈچ تاماكا ئىسلىرى ئارىسىدىن رەسسامغا ھەيرانلىق ئىلكىدە قارىدى ، ئەپيۇن ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق تاماكىدىن چىقىۋاتقان ئىسلار غەلىتە چەمبەرلەرنى ھاسىل قىلىپ يۇقىرىغا ئۆرلىمەكتە ئىدى ، – ھېچيەرگە ئاپارمامسىز؟نېمىشقا ئەمدى؟ سىلەر رەسساملار- زە ، بەك غەلىتە كېلىدىكەنسىلەر . نامىڭىزنى چىقىرىش ئۈچۈن قىلمىغان تىرىشچانلىقىڭىز قالمىدى ، ئەمدىلىكتە نامىڭىز چىقىۋېدى ، ئۇنى يەنە چۆرۈپ تاشلىۋەتمەكچى بولۇۋاتىسىز . بەك ئەخمەقكەنسىز ، دۇنيادا باشقىلارنىڭ مۇنازىرە قىلىشىدىنمۇ يامان بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن مۇنازىرە قىلىنماسلىق . بۇ رەسىم ئارقىلىق ئەنگىلىيلىك ياشلار ئارىسىدىكى ئابرويىڭىز ئاشاتتى ، ئۇلار سىزگە ھەسەت قىلاتتى ئەمەسمۇ .

– مېنى مۇشۇنداق مەسخىرە قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم،-دېدى رەسسام ، – بۇ رەسىمنى كۆرگەزمىگە قويسام بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا سىڭدۈرىۋەتكەن ئۆزلۈكۈم بەك كۆپ .

سافادا ياتقان لورد ھېنىرى بىر كېرىلىۋېتىپ ، قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .

– دېمىدىممۇ مانا ، مەسخىرە قىلىدىغىنىڭىزنى بىلەتتىم. لېكىن نېمىلا دىمەيلى، بۇ دېگەن بىر پاكىت .

– ناھايىتى كۆپ ئۆزلۈكۈمنى سىڭدۈرىۋەتتىم دەڭ ، بازىل ! بۇنچە مەمەدان ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن . چىرايىڭىزغا قارىسام ، تولىمۇ قوپال ، تۈرگۈن كۆرۈنىسىز ، چاچلىرىڭىزمۇ كۆمۈردەك قارا . لېكىن ، سىزغان بۇ رەسمىڭىز پىل چىشى بىلەن ئەتىرگۈل بەرگىدىن ياسالغاندەك تولىمۇ نەپىس كۆرۈنىدۇ، بۇ رەسىمدىكى ئادونىس بىلەن ئاراڭلاردا ھېچقانداق ئوخشاشلىقنى تاپالمىدىم . ھەي ، قەدىرلىك بازىل ، رەسىمدىكىسى تولىمۇ قاملاشقان بىر يىگىت ئىكەن ، سىزنىڭ چېھرىڭىزدىن بولسا بىر خىل ئەقىل – ئىدراك بالقىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما ، گۈزەللىك ، ھەقىقىي گۈزەللىكلا ئىدراكىي چىراي ئىپادىسىى باشلانغان جايدا ئاخىرلىشىدۇ . ئىدراك _ ئۇ ئەسلىدىنلا بىر مۇبالىغە ، ئۇ چىراينىڭ يېقىملىقلىقىنى بۇزىدۇ . كىشى جىم ئولتۇرۇپ تەپەككۇر قىلغاندا ، بۇرۇنى ، پىشانىسى ياكى مەلۇم بىر خىل قورقۇنچلۇق نەرسىسىدىن باشقا يېرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئىلىمدە توشقان ، كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان ئاشۇ ئەرباپلارغا قاراپ بېقىڭە ، ئۇلارنىڭ چىرايى تولىمۇ بەد – بەشرە! ئەلۋەتتە چېركاۋلاردىكى مۇقەددەس خىزمەتكارلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا . بۇ- ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئىشلەتمىگىنىدىن بولغان . 80 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر پوپ تېخىچە 18 ياش ۋاقتىدا ئۆگىنىۋالغان گەپلەرنى قىلىپ يۈرسە ، تەبئىيكى كىشىگە باشقىچە سۈيۈملۈك كۆرۈنىدۇ . رەسىمدىكى ئاۋۇ دوستىڭىزنىڭ ئىسمى نېمىتى، بازىل؟ شۇتاپتا  مەن بۇ رەسىمگە باغلىنىپلا قالدىم . بۇنىڭغا يۈزدە – يۈز جەزم قىلالايمەن . ئۇ كاللىسىنى ئىشلەتمەيدىغان بىر داڭلىق ئەربابتۇر ھەقاچان . قىشتا تاماشا قىلغۇدەك گۈل قالمىغاندا ، ئۇ مۇشۇ يەردە تۇرۇشى كېرەك؛ يازدا نېمىدۇر بىر نەرسە بىلەن كۆڭلىمىزنى ئاچماقچى بولغاندا ، ئۇ يەنە مۇشۇ يەردە بولوشى كېرەك . ئۇنچىۋالا مەنمەنچىلىك قىلىپ كەتمەڭ ، بازىل . سىز ئۇنىڭغا زادىلا ئوخشىمايسىز.

– مېنى چۈشەنمەيدىكەنسىز، ھاررى ،_ دېدى رەسسام ، _ مەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئوخشىمايمەن ، بۇنىسى ماڭا ناھايىتى ئېنىق . ئەگەر ئۇنىڭغا ئوخشاپ قالغان بولسام ، تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىش بولغان بولاتتى . مۆرىڭىزنى چىقىرىپ قويغىنىڭىز نېمىسى ؟ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راسىت . تەققى – تۇرۇقى قاملاشقان ، ئىلىمدە توشقان كىشىلەرنىڭ تەقدىرى كاج بولىدىكەن . تەقدىر_ قىسمەتكە پۈتۈلگەن بالا- قازالار ئادەمگە سالجىدەك چاپلىشىپ ئارام بەرمەيدىكەن . شۇڭا دەيمەن ، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرغان ياخشى . بەد – بەشرە كىشىلەر بىلەن ھاماقەتلەر بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك كىشىلەردۇر . ئۇلار ھېچنىمىدىن غېمى يوق كېرىلىپ ئولتۇرۇپ ئويۇن كۆرىدۇ . مۇۋەپپەقىيەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمىسىمۇ ، ھېچ بولمىغاندىمۇ مەغلۇبىيەتنىڭ ئازابىنى تېتىمايدۇ . ئۇلاردەك خاتىرجەم ، غەم – ئەندىشسىز ياشاش بىزگىمۇ يارىشاتتى . ئۇلارنىڭ باشقىلارغا زىينى تەگمەيدۇ ھەم باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ. ھاررى، سىزنىڭ مەرتىۋىڭىز بىلەن بايلىقىڭىز ، مېنىڭ ئەقىل- پاراسىتىم ، دورىيان گرېينىڭ قاملاشقان تەققى- تۇرۇقى قوشۇلسا، گەرچە سەنئەتكە يەتمىسىمۇ، ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىمىز مۇقەددەس روھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغانلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيمىز، قورقۇنچلۇق بەدەل تۆلەيمىز.

_ دورىيان گرېي؟ ئۇنىڭ ئىسمى دورىيان گرېيما ؟_ لورد ھېنىرى شۇنداق دەپ سورىغاچ ، رەسىم سىزىش ئۆيىدىن ئۇدۇل بازىل خالۋاردقا قاراپ ماڭدى .

_ شۇنداق ، ئۇنىڭ ئىسمى دورىيان گرېي . ئەسلىدە بۇنى سىزگە دېمەي دېگەنىدىم .

_ نېمىشقا ئەمدى؟

_ ھەي، نېمە دېسەم بولار. بىر نەرسىنى زىيادە ياخشى كۆرۈپ قالسام ، ئىسمىنى باشقىلارغا دەپ بەرمەيدىغان خۇيۇم بار . دەۋېتىپ قالسام ، ئۇنىڭغا ساتقىنلىق قىلغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالىدىكەنمەن . مەن ھازىر سىرلىق تۇيغۇلارغا ئامراق بولۇپ قالدىم ، بۇنداق بولغاندا تۇرمۇشنىڭ چىنلىقى تېخىمۇ سىرلىق ، گۈزەل تۇيۇلىدىكەن . بىريەرگە بارماقچى بولسام ، نەگە بارىدىغىنىمنى ئۆيدىكىلەرگە دېمەيمەن ، دەۋەتسەم مەززىسى قالمايدۇ. بۇنىڭ ئەخمىقانىلىق ئىكەنلىكى ئۆزۈمگىمۇ ئايان . لېكىن ، بۇ مىجەزىم تۇرمۇشۇمغا رومانتىكىلىق ئاتا قىلىدۇ . شۇ تاپتا سىز مېنى ئۇچىغا چىققان ھاماقەت ئادەمكەن دەپ ئويلاپ قېلىۋاتىسىزغۇ دەيمەن؟

_ ئۇنداق ئەمەس،_ دېدى لورد ھېنىرى ،_ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ، قەدىرلىك بازىل . توي قىلىپ بولغانلىقىم ئېسىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ . نىكاھنىڭ بىر چوڭ سېھرىي كۈچى دەل ھىيلە – مىكىر بىلەن تولغان تۇرمۇشنىڭ ئەر- ئايال ئىككى تەرەپكە مۇتلەق زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشتا. مەن ئەزەلدىن ئايالىمنىڭ قەيەردە ، نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ، ئۇمۇ مېنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلمەيدۇ. كۆرۈشكەن چېغىمىزدا (ئاندا- ساندا كۆرۈشۈپ قويىمىز)، سىرىتقا چىقىپ تاماق يەيمىز ياكى بىرەر كىنەزنىڭ ئۆيىگە بارىمىز، چىرايىمىزغا ئىمكانبار ئەستايىدىل تۈس بېرىپ ، قارشى تەرەپكە ئەڭ بىمانە ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىمىز. ئايالىم بەك گەپدان ، گەپدانلىقتا مېنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ . ئۇ يالغان سۆزلىسە ، ۋاقىت – چېسلاسىنى ھەرگىز خاتا دەپ قويمايدۇ ، لېكىن مەن دائىم خاتالىشىپ قالىمەن . ئۇ مېنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقىنىمنى بىلىپ تۇرسىمۇ چاندۇرمايدۇ . گاھىدا ئۇنى بىر چاندۇرۇپ قويسىكەن دەپ تىلەپ كېتىمەن ، لېكىن ئۇ مېنى مەسخىرە قىلىپ قويۇيلا بولدى قىلىدۇ .

_ نىكاھ ھەققىدىكى بۇ بايانلىرىڭىزدىن بىزار بولدۇم ، ھاررى ، _ بازىل خارۋارد گۈللۈككە ئۇدۇل تۇتۇشىدىغان ئىشىككە قاراپ قەدىمىنى يۆتكىدى،_ سىز ئەسكى ئادەم ئەمەس، لېكىن بۇ گۈزەل پەزىلىتىڭىز ئۈچۈن ئۇيالسىڭىز بولاتتى . سىز نورمال ئەمەسكەنسىز . ئاغزىڭىزدىن ئەخلاق ھەققىدە گەپ چىقمايدۇ، ئەمما ئەخلاقسىز ئىشلارنىمۇ ھەم قىلمايسىز . بۇ قىلىقىڭىز مۇغەمبەرلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس .

_ نورمال بولۇشقا كۈچىمەكنىڭ ئۆزى مۇغەمبەرلىك ، مۇغەمبەرلىكتىن مەن بەك بىزار!_ دېدى لورد ھېنىرى كۈلۈپ تۇرۇپ . ئىككىيلەن ئۆيدىن چىقىپ گۈللۈككە كەلدى – دە ، يوغان دارچىن دەرىخى سايە تاشلاپ تۇرغان بىر ئۇزۇن بامبۇك ئورۇندۇقتا ئولتۇردى . قۇياش نۇرى يۇپۇرماقلار ئۈستىدە نازغىيتى ، ئاق دەستار گۈلى ئوت- چۆپلەر ئارىسدابوشقىنە تەۋرىنەتتى .

ئىككىيلەن خېلىغىچە جىممىدە ئولتۇرۇپ كېتىشتى، لورد ھېنىرى قول سائىتىنى چىقاردى .

_ مەن ماڭايمىكىن بازىل ،_ دېدى ئۇ ،_ مېڭىشتىن ئاۋۋال سۇئالىمغا جاۋاب ئېلىۋالاي . بايىقى سۇئالىمغا جاۋاب بېرىۋەتسىڭىز، بازىل .

_ قايسى سۇئالنى دەيسىز؟_ سورىدى بازىل كۆزلىرىنى يەردىن ئۈزمەي .

_ بۇنى ئۆزىڭىز ئوبدان بىلىسىز.

_ قايسى گەپنى دەيسىز، ھاررى؟

_ مەن دورىيان گرېينىڭ پورتېرىتىنى نېمىشقا كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ باقاي دېگەن . ماڭا بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرىڭ .

_ سەۋەبىنى بايام دەپ بېرىپ بولدۇمغۇ .

_ياق، دېمىدىڭىز ، رەسىمگە ئۆزلۈكۈڭىزنى بەكلا سىڭدۈرۋەتكەنلىكىڭىزنىلا دېدىڭىز. بۇ بەك گۆدەكلەرچە گەپ بولۇپ قالدى .

_ ھاررى،_دېدى بازىل خالۋارد ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ تۇرۇپ،_ يۈكسەك ھېسىيات بىلەن سىزىپ چىقىلغان بىر پارچە پورتېرىت مودىلنىڭ ئەمەس، بەلكى سەنئەتكارنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىنىڭ پورتېرىتىدۇر. مودىل پەقەت بىر تاسادىپىي سەۋەب . رەسسامنىڭ ھەرخىل رەڭلەر بىلەن بويالغان لاتىدا نامايەن قىلغان پورتېرتىنى مودىلنىڭ ئۆزى دېگەندىن كۆرە ، رەسسامنىڭ ئۆزى دېگەن تۈزۈك . بۇ رەسىمنى كۆرگەزمە قىلغۇم يوق، چۈنكى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن قەلىب سىرلىرىمنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن .

لورد ھېنىرى قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ سورىدى :

_ نېمە سىركەن ئۇ ؟

_ ئالدىرىماي سۆزلەپ بېرىمەن ،_ بازىل شۇنداق دېدىيۇ ، چىرايىدا ئېسەنكىرەش ئالامەتلىرى پەيدا بولدى .

_ شۇنداق قىلىشىڭىزغا تەشنامەن ، بازىل ، _ دېدى ھېنىرى بازىلغا قاراپ قويۇپ .

_ دېگۈدەك گەپمۇ يوق ئىدى ، ھاررى ، _ جاۋاب بەردى بازىل ، _ دېسەممۇ بەرىبىر چۈشەنمەيسىز، ھەم ئىشەنمەيسىز.

لورد ھېنىرى سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قويدى  – دە ، قەددىنى ئېگىپ ئوت – چۆپلەر ئارىسىدىن قىزغۇچ ئېچىلغان بىر تۇتام دەستار گۈلىنى ئۈزۈپ سىنچىلاپ قارىدى .

– چۈشىنىمەن ، – دېدى ئۇ گۈلگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ، – ئىشىنىش – ئىشەنمەسلىككە كەلسەك ، مەن ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىۋېرىمەن .

بىمەھەل چىققان شامال بىر نەچچە تال گۈل بەرگىنى ئۇچۇرۇپ چۈشتى، سېرىن گۈلىنىڭ قۇيۇق بەرگىلىرى تىنجىق ھاۋادا ئۇياق – بۇياققا تەۋرىنەتتى . دەرىزە تۈۋىدىن چىكەتكىلەرنىڭ پەس ئاۋازدا چىرىلداشلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى، جىۋەك كەلگەن بىر يىڭناغۇچ قوڭۇر قاناتلىرىنى ئېچىپ پۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى . لورد ھېنىرى بازىل خالۋاردنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلىيالىغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇنىڭ زادى نېمە دېمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى .

– بۇ مۇنداق ئىش ، – دېدى بازىل بىردەم تۇرۇۋېتىپ ، – ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا بۇرانتىن خانىمنىڭ ئۆيىگە زىياپەتكە باردىم . بىز سەنئاتكارلار كىشىلەرنىڭ ياۋايى دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن سىرىتلاردا ئۆزىمىزنى پات – پات ئاشكارىلاپ تۇرمىساق بولمايدۇ . خۇددى سىز دېگەندەك ، ھەر قانداق ئادەم ئۇچىسىغا ئېسىل مۇراسىم كىيىمى كىيىپ ئاق گالىستۇك باغلىۋالسىلا« مەدەنىيەتلىك كىشى » ئىكەن دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشىۋېرىدۇ . زىياپەتكە بارغان زالدا لاخسىدەك سەمرىگەن ، قېنىق گىرىم قىلىۋالغان ئاقسۆڭەك خېنىملار ، تېتىقسىز ئالىملار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتىم . ئارىدىن ئالاھەزەل 10 مىنۇتلار ئۆتكەندە ، بىرەيلەننىڭ ماڭا تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ قالدىم ۋە مەنمۇ ئۇنىڭغا تۇيدۇرماي قارىدىم . ئۇ دەل مۇشۇ رەسىمدىكى دورىيان گرېي ئىدى . شۇ ئارىدا كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى ، دەماللىققا كۆز ئالدىم خىرەلىشىپ ، ۋۇجۇدۇمنى غەلىتە بىر خىل قورقۇنچ ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالدى . ئۇ تولىمۇ جەلىپكار ئىدى . رەت قىلمايدىغانلا بولسام ، ئۇنىڭ ئاشۇ ئاجايىپ جەلىپكارلىقى خاسلىقىمنى ، روھىمنى ، ھەتتا سەنئەتكار ۋۇجۇدىمنى يۇتۇپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى . تۇرمۇشۇمنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى تاشقىي تەسىرگە ئۇچرىشىنى خالىمايىتتىم . مېنىڭ مۇستەقىللىق خاراكتىرىمنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز، ھاررى . ئىلگىرى تولىمۇ ئۆزۈمچىل ئىدىم ، قاچانكى دورىيان گرېينى كۆردۈم ، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ مىجەزىم ئۆزگەردى . كېيىن … نېمە دەپ چۈشەندۈرسەم بولار ؟ گويا نېمىدۇر بىر نەرسە ماڭا : « قورقۇنچلۇق بىر كىرىزىس سېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ » دەۋاتقاندەك تۇيۇلدى . شۇئان مەندە : « تەقدىرىمگە شاد – خوراملىق ، ئازاب – ئوقۇبەت پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ» دېگەن غەلىتە تۇيغۇ پەيدا بولدى . قورققىنىمدىن كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا زالدىن چىقىپ كەتتىم.بۇنداق قىلىشىم غورۇرۇمنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئەمەس ، ئەكسىچە قورقۇنچاقلىقىمدىن ئىدى . زالدىن قېچىپ چىقىپ كەتكىنىمدىن تولىمۇ خىجىل بولدۇم .

– غورور بىلەن قورقۇنچ ئەمەلىيەتتە بىر نەرسە ، بازىل . غورور قورقۇنچاقلىقنىڭ قالقىنى ، خالاس .

– نېمە دەيدىغانسىز ھاررى ، سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن بۇ گەپ چىقار دەپ ھېچ ئويلىماپتىمەن . نېمىلا بولمىسۇن ، مەيلى نېمە مەقسەت – مۇددىئانى چىقىش قىلاي – بەلكىم بۇ تەكەببۇرلۇقىمدىن بولسا كېرەك ، ئىلگىرى تولىمۇ تەكەببۇر ئىدىم – ئىشىك ئالدىغا كېلىشىمگە ، بۇرانتىن خانىمغا دوقۇرۇشۇپ قالدىم. « بۇنچە بالدۇر تىكىۋەتمەيدىغانسىز خالۋارد ئەپەندىم ؟ » دېدى ئۇ چىرقىراق ئاۋازدا . ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ غەلىتە چىقاتتى . بۇنى سىزمۇ بىلىدىغانسىز ، ھېنىرى ؟

– بىلىمەن ، ئۇنىڭ ئۇ تەرىپى گويا توزنىڭ ئۆزىلا . ئاۋازى تولىمۇ سەت چىقىدۇ ، – لورد ھېنىرى شۇنداق دېگەچ ئىنچىكە ، ئۇزۇن بارماقلىرى بىلەن دەستار گۈلىنىڭ بەرگىلىرىنى تىتىپ پارچە – پارچە قىلىۋەتتى.

– ئۇ مېنى زادىلا قويۇپ بەرمىدى . مېنى ئوردا ئاقسۆڭەكلىرى ، مەيدىسىگە توشقىچە ئوردېن تاقىۋالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا باشلاپ كەلدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە باشلىرىغا غايەت يوغان بېزەكلەرنى تاقىۋالغان ، شاتوتى بۇرۇن مومايلارمۇ بار ئىدى . ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى دەپ تونۇشتۇردى ، بىز بىر قېتىملا كۆرۈشكەن بولساقمۇ ، لېكىن ئۇ ھە دېسىلا مېنى داڭلىق شەخىس دەپ ماختايتتى . بىر پارچە رەسىمىم ھەقىقەتەن زور شان – شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ، ھېچبولمىغاندىمۇ ئۇنىڭغا بەزى كىچىك گېزىتلەردە خېلى كۆپ ئوبزورلار يېزىلغان –  بۇ ، 19 – ئەسىردىكى ئۆلمەس سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ئىدى . توساتتىن مېنى چەكسىز ھاياجانغا سالغان ھېلىقى جەلىپكار يىگىتنىڭ ئۇدۇلۇمدا تۇرغانلىقىنى سېزىپ قالدىم . ئارىلىقىمىز بەكلا يېقىن ئىدى ، بىر – بىرىمىزگە تېگىشىپ كەتكىلى تاسلا قالغانىدۇق . كۆزلىرىمىز يەنە ئۇچراشتى . ھودۇقۇپ كەتكەن بولسام كېرەك ، بۇرانتىن خانىمدىن ئۇنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم . شۇ چاغدىكى ھالىتىمنى ھودۇقۇش دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى ، مەندىن باشقا ئادەممۇ شۇنداق قىلغان بولاتتى. « باشقىلار تونۇشتۇرمىسىمۇ ، ئىككىمىزنىڭ ھامىنى پاراڭلىشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنەتتىم. » دورىيان كېيىن ماڭا شۇنداق دېدى . ئىككىمىزنىڭ تونۇشۇپ قېلىشىمىزنىڭ پىشانىمىزگە پۈتۈلگەنلىكىنى ئۇمۇ ھېس قىپتىكەن.

– بۇرانتىن خانىم ئۇ يىگىتنى قانداق تونۇشتۇردى ؟ – سورىدى لورد ھېنىرى ، – ئۇ مېھمانلارنى تېز – تېز تونۇشتۇرۇپ چىقىشقا ئامراق . ھېلىمۇ ئېسىمدە ، بىر قېتىم ئۇ مېنى مەيدىسىگە توشقىچە ئوردېن تاقىۋالغان ، يۈزلىرى پوكاندەك قىزىرىپ كەتكەن ، مىجەزى چۇس بىر قېرى مويسىپىتقا تونۇشتۇرۇپ قويماقچى بولدى . مويسىپىتنىڭ يېنىغا كېلىۋاتقىنىمىزدا ، ئۇ قۇلىقىمغا خېلى يۇقىرى ئاۋازدا مويسىپىتنىڭ بىر مۇنچە يامان گېپىنى قىلىپ ئۈلگۈردى . ئۇنىڭ بۇ گېپى زالدىكىلەرگە ئاڭلىنىپ قالدى . شۇئان زالدىن چىقىپ كەتتىم . باشقىلار بىلەن ئۆزۈم تونۇشسام دەيمەن . بورانتىن خانىم مېھمانلىرىغا خۇددى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش سودىگىرى ماللىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك پوزىتسىيە تۇتىدۇ . مېھمانلار بار يەردە تولا كوتۇلداپ كىشىنى بىزار قىلىدۇ ، سىز قىزىقىدىغان ئىشلارنى زادىلا تىلغا ئالمايدۇ .

– بىچارە بۇرانتىن خانىم ! سىز ئۇنى بەك ئەيىپلەپ كېتىۋاتىسىز جۇمۇ ھاررى ! – دېدى بازىل خالۋارد تولىمۇ روھسىز قىياپەتتە .

– ئۇ سالون ئاچىمەن دەپ جار سېلىپ قويۇپ ، ئاران رېستۇران ئاچالىدى . سىز مېنى ئۇنى ھۆرمەتلىمىدىڭ دېمەكچىمۇ ؟ ئېيتىڭە ، ئۇ دورىيان گرېىي ئەپەندىگە نېمە دېدى ؟

– « ھەي ، تولىمۇ جەلىپكار يىگىت – دە ، بۇ . ئۇنىڭ بىچارە ئاپىسى بىلەن جانجىگەر دوستلاردىن ئىدۇق . ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ئېسىمدە قالماپتۇ ، ھېچئىش قىلمايتتىغۇ دەيمەن . ھە توغرا ، پىئانىنو ، ئىسكىرىپكا دېگەندەك نەرسىلەرنى چېلىپ قوياتتى » دېگەندەك گەپلەرنى قىلدىغۇ دەيمەن . گرېي ئىككىمىز بۇ گەپتىن ئىختىيارسىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق . شۇنداق قىلىپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق .

– دوستلۇق ئۈچۈن كۈلكە ئەڭ ياخشى باشلىنىش ھەم ئەڭ ياخشى ئاخىرلىشىش ، – ھېنىرى شۇنداق دېگەچ ، دەستار گۈلىدىن يەنە بىرنى ئۈزدى.

بازىل خالۋارد بېشىنى چايقىدى:

– دوسىتلۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىكەنسىز، ھاررى ، – دېدى ئۇ پىچىرلاپ تۇرۇپ ، – ھەممىلا ئادەمگە يېقىنچىلىق قىلىدىكەنسىز ، بۇ سىزنىڭ ھەممە كىشىگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدىغىنىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ .

– بۇ گېپىڭىز ئادىل بولمىدى ! – لورد ھېنىرى شۇنداق دېگەچ  شىلەپىسىنى كەينىگە ئىتتىرىپ قويۇپ ، كۆكتىكى بۇلۇتلارغا نەزىرىنى ئاغدۇردى ، توپ – توپ بۇلۇتلار گويا نۇرلۇق ئاق شايىدەك زۇمرەتتەك كۆپكۈك ئاسماندا لەيلەپ يۈرەتتى ، – بۇ گېپىڭىز راستىنلا ئادىل بولمىدى . مەن كىشىلەرگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىمەن . قاملاشقان كىشىلەرنى دوسىت تۇتىمەن ، پەزىلەتلىك كىشىلەرنى تونۇش دەپ بىلىمەن ، ئەقىللىق كىشىلەرنى دۈشمىنىم دەپ ھېسابلايمەن . دۈشمەنگە مۇئامىلە قىلىشتا قانچە ئېھتىياتچانلىق قىلىنسا ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ . دۈشمەنلىرىمنىڭ ئارىسىدا ھاماقەتتىن بىرىمۇ يوق . ئۇلار بەك ئەقىللىق ، شۇڭا مېنى ھۆرمەتلەيدۇ . بەك شۆھرەتپەرەسكەنمەنمۇ ؟ مېنىڭچە شۇنداق .

– مېنىڭچىمۇ شۇنداق ھاررى . گېپىڭىزچە ، مەن تونۇشىڭىز قاتارىغا كىرىدىكەنمەن – دە .

– قەدىرلىك بازىل ، سىز يالغۇز مېنىڭ تۇنۇشۇملا ئەمەس .

– دوستىڭىزمۇ ئەمەسقۇ دەيمەن . ئەمسە مېنى قېرىندىشىڭىزدەك كۆرىدىكەنسىز – دە .

– نېمە ؟ قېرىنداش ؟ مېنىڭ قېرىنداش بىلەن تازا خوشۇم يوق . ئاكام ھېچ ئۆلمەستە قالدى . ئىنىلىرىم ھەدېسىلا ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەيدۇ .

– ھاررى ! – دېدى بازىل خالۋارد قوشۇمىسىنى تۈرۈپ .

– قەدىرلىكىم ، مۇنداقلا دەپ قويدۇم . لېكىن ، مەن تۇغقانلىرىمدىن ھەقىقەتەن بىزار . ئەنگلىيىدىكى دېموكراتچى زاتلار ئاتالمىش يوقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ يامان ئادەتلىرىگە چىش – تىرنىقىغىچە ئۆچ . مەن بولسام ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىمەن . ئاۋام ھاراقكەشلىك ، ھاماقەتلىك ، ئۆرپ – ئادەتنى بۇزۇشنى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازى دەپ قارايدۇ ، ئارىمىزدىن قايسى بىرىمىز شۇنداق ئىشنى قىلىپ باقىلى قېنى ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىق زىمىنىغا تاجاۋۇز قىلغان بولىمىز . بىچارە سوسۋارك نىكاھتىن ئاجىرشىش ئۈچۈن سوتخانىغا كىرگەندە ، كىشىلەر غەزەپتىن ئۆزلىرىنى باسالماي قالدى . لىكىن ، پورۇلتارىياتلار ئىچىدە  ٪ 10 ئادەم  نورمال تۇرمۇش كەچۈرىدۇ دېسە ئىشەنمەيمەن .

– بۇ گېپىڭىزگە مەن قوشۇلمايمەن .

– لورد ھېنىرى ئۇچلۇق كەلگەن قوڭۇر ساقاللىرىنى تۇتاملاپ قويۇپ ، قولىدىكى قارا ئەبنۇس ياغىچىدىن ياسالغان پۆپەكلىك ھاسىسى بىلەن ئۆتۈكىنىڭ ئۇچىغا ئۇرۇپ قويدى .

– ھەي بازىل ، سېپى ئۆزىدىن ئەنگىلىيلىك – دە ، سىز ! بۇ سىزنىڭ بۇ گەپنى ئىككىنچى قېتىم دېيىشىڭىز . ئەگەر بىرەيلەن ھەقىقىي بىر ئەنگىلىيلىككە ئوي – خىيالنى دېسە _ بۇنداق قىلىش تولىمۇ قاراملىق – ئۇ بۇ ئوي – خىيالىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئەسلا ئويلاشمايدۇ ، ئەكىسچە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىردىنبىر مۇھىم بولغىنى شۇ گەپنى دېگەن كىشىنىڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئەمەسلىكى . مەسىلە شۇ يەردىكى ، بىر ئوي – خىيالنىڭ قىممىتى بار يوقلىقى شۇ ئوي – خىيالنى ئېيىتقۇچى كىشىنىڭ سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز . بىر ئادەم قانچە سەمىمىي بولمىسا ، ئۇنىڭ ئوي – خىيالى شۇنچە ئاقىلانە بولىشى مۇمكىن . چۈنكى شۇنداق بولغاندىلا ، ئۇنىڭ ئوي – خىيالا ئۆز تەلەپ – ئېھتىياجى ، ئارزۇ – ئىستىكى ياكى بىر تەرەپلىمە قارشى تەرىپىدىن يۇقۇملانمايدۇ. نېمىلا بولمىسۇن ، سىز بىلەن سىياسىي ، جەمئىيەتشۇناسلىق ياكى مېتافىزىكا توغرىسىدا مۇنازىرلەشكۈم يوق . مەن كىشىلەرنى پىرىنسىپتىن ھالقىپ كەتسىكەن دەيمەن ، دۇنيادا پىرىنسىپقا باغلىنىپ قالمايدىغان كىشىلەرنى ئەڭ ياقتۇرىمەن . ماڭا دورىيان گرېي توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىڭە . سىلەر قانچىلىك ۋاقىتتا بىر كۆرشىسىلەر ؟

– ھەر كۈنى كۆرىشىمىز. ئۇنى بىر كۈن كۆرمىسەم تۇرالمايمەن . ئۇ ھازىر تۇرمۇشۇمدىكى ئەڭ مۇھىم كىشىگە ئايلىنىپ قالدى .

– قىزىق ! مەن تېخى سىزنى سەنئەتتىن باشقا ھېچنىمىگە پەرۋا قىلمايدۇ دەپ قاپتىمەن .

– ھازىر مەن ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزى بىر سەنئەت ، – دېدى رەسسام تولىمۇ سالماقلىق بىلەن ، – ھاررى ، بەزىدە مەن دۇنيا تارىخىدا پەقەت ئىككىلا مۇھىم دەۋر بولىدىكەن ، دەپ ئويلاپ قالىمەن . بىرى ، يېڭى بىر خىل سەنئەت ۋاستىسى پەيدا بولغان چاغ ؛ يەنە بىرى ، سەنئەتتە يېڭى شەخىس ئىپادە قىلىنغان چاغ . ھامىنى بىر كۈنى دورىيان گرېي مەن ئۈچۈن گويا ماي بوياق رەسىم ۋىنېتسىيە رەسىم ئېقىمىدا بارلىققا كەلگەندەك ، ئانتىنوسنىڭ ①چىرايى كىيىنكى گرىتسىيە ھەيكەللىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندەك مۇھىم بوپ قالىدۇ . ئۇ يالغۇز مېنىڭ ماي بوياق رەسم ، سۇ بوياق رەسىم ۋە كۆمۈر بوياق رەسىم سىزىشىم ئۈچۈم مودىللا ئەمەس . مەن ئۇنىڭ پورتىرىتلىرىدىن رازى ئەمەس ياكى ئۇنىڭ قاملاشقان تەققى – تۇرۇقى سەنئەتنىڭ ئىپادىلەش كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەن دېيەلمەيمەن . سەنئەت ئىپادە قىلالمايدىغان ھېچنىمە يوق . ماڭا شۇنىسى ئايانكى  ، دورىيان گرېىي بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ، ھاياتىمدىكى ئەڭ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدىم. لېكىن ، مېنى چۈشىنەمسىز – چۈشەنمەمسىز ، بۇنى ئۇقمايمەن . ئۇنىڭ خاراكتىرى مېنىڭ يېڭى سەنئەت شەكلى ، يېڭە سەنئەت ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ بېقىشىمغا تۈرتكە بولدى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ، شەيئىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتىكى كۆزىتىش ئۇسۇلۇم ئۆزگەردى ، شەيئىلەر ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلۇمدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى . ئەمدى مەن ئەسلا ھېس قىلىپ باقمىغان ئۇسۇلدا تۇرمۇشنى قايتا نامايەن قىلىمەن . « تەپەككۇرۇم قاناتلانغاندا ، شەكىلدىن ئۈمىد ئىزلەيمەن .» بۇ گەپنى كىم دېگەن بولغىيتتى ؟ دورىيان گرېىي مەن ئۈچۈن ئەنە شۇنداق مۇھىم . ئۇنىڭ يېشى 20 دىن ئاشقان بولسىمۇ ، لېكىن ماڭا تېخىچە بالىدەكلا تويۇلىدۇ . بۇ گېپىمنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنەمسىز ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ مەن ئۈچۈن بىر يېڭىچە ئېقىمنىڭ ئۇمۇمىي كۆرۈنۈشىنى سۈرەتلەپ بەرگىنىنى تېخىچە ھېس قىلىپ يېتەلمىدى . بۇ ئېقىم بارلىق رومانتىزىملىق قايناق ھېسىيات ۋە گرىتسىيە روھىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن . ئۇ – روھ بىلەن تەننىڭ مەھكەم بىرلىكىدۇر . بىز ئەسەبىيلەشكەن چېغىمىزدا ، بۇ ئىككىسىنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ ، چاكىنا رېئالىزىم بىلەن ساختا غايىۋىلىكنى ئىجاد قىلدۇق . ھاررى ، سىز دورىيان گرېينىڭ مەن ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەنسىڭىزلا بولدى ! ئاگېرنو ②يۇقىرى باھا قويۇپ تالاشقاندا بەرمىگەن ھېلىقى مەنزىرە رەسىمىم ئېسىڭىزدە بارمۇ ؟ ئۇ مېنىڭ ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرىمنىڭ بىرى ئىدى . بۇ رەسىمىم نېمە ئۈچۈن بۇنچە ياخشى چىقىدۇ ؟ چۈنكى مەن ئۇ رەسىمنى سىزغان چېغىمدا ، دورىيان گرېىي يېنىمدا ئولتۇرغان ئىدى . شۇ چاغدا ، غەلىتە بىر خىل تۇيغۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ماڭا كۆچتى ، شۇنىڭ بىلەن ھاياتىمدا مەن ئىزچىل تەشنا بولغان ، ئەمما ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان بىر مۆجىزە كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى .

– بازىل ، سىز بەك قىزىقكەنسىز ! دورىيان گرېىي بىلەن بىر كۆرۈشسەم بولغۇدەك – تە .

بازىل خالۋارد ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ گۈللۈكتە بىردەم ئۇياق – بۇياققا مېڭىۋەتتى – دە ، ئورۇندۇق يېنىغا يەنە كەلدى .

– ھاررى ، – دېدى ئۇ ، – دورىيان گرېي پەقەت ئىجادىيتىمنىڭ باش تېمىسى . سىز ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھېچنىمىنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن ، لېكىن ، مەن ئۇنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيمەن . ئۇنىڭ ئوبرازى بولمىغان رەسىملەرلا ئۇنى ئەڭ يەخشى نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ . خۇددى بايا سىزگە دېگىنىمدەك ، ئۇ يېڭى بىر خىل ئىجادىيەت شەكلىنى ئويغاتتى . مەلۇم بىر ئەگرى سىزىق ، مەلۇم بىر خىل رەڭنىڭ ئىنچىكە جۇلالىرىدا ئۇنى ھېس قىلالايمەن ، خالاس .

– ئەمىسە نېمىشقا ئۇنىڭ رەسمىنى كۆرگەزمە قىلىشنى خالىمايسىز ؟- سورىدى لورد ھېنىرى.

– چۈنكى ، مەن رەسىمدە ئىختىيارسىزلا سەنئەتكە بولغان مەلۇم بىر خىل چوقۇنۇشنى ئاشكارىلاپ قويدۇم . ئەلۋەتتە ، بۇنى ئۇنىڭغا دېيىشنى ئەسلا ئويلىشىپ باقمىدىم . ئۇ تېخى بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ھەم مەڭگۈ بىلمەيدۇ . بۇنى باشقىلار پەرەز قىلالىشى مۇمكىن ، شۇڭا مەن ھەرگىزمۇ ئۆز روھىمنى ئۇلارنىڭ يۈزەكى نەرسىلەرنىلا كۆرىدىغان ماراقچى كۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىغۇم ، قەلبىمنى ئۇلارنىڭ كۆزىتىدىغان مىكروسكوپلىرى ئاستىغا تاشلاپ بەرگۈم يوق . بۇ رەسىمدە ئۆزۈمگە تالىق نەرسىلەر بەك كۆپ ، ھاررى .

– شائىرلار سىزگە ئوخشاش مۇنداق كۆمسەم پىشارمۇ ، ياپسام پىشارمۇ دەپ ئولتۇرمايدۇ . ئۇلار قايناق ھېسىياتنى ئاشكارىلاشنىڭ نەشرىي ئەسەرلەرگە نىسبەتەن نەقەدەر پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ . ھازىر قەلىب سىرلىرى ئاشكارىلانغان كىتابلار قايتا – قايتا نەشىر قىلىنۋاتمامدۇ .

– مەن دەل ئۇلارنىڭ مۇشۇ يېرىگە ئۆچ ، – ۋارقىرىدى بازىل خالۋارد ، – سەنئەتكارلار چۇقۇم گۈزەل شەيئىلەرنى ئىجاد قىلىشى ، ھەرگىزمۇ ئۆز ھاياتىنى ئەسىرىگە سىڭدۈرۋەتمەسلىكى كېرەك . لېكىن ، ھازىر سەنئەت گويا بىر خىل بىئوگرافىك شەكىلگە ئوخشاپ قالدى . بىز گۈزەللىككە بولغان ئابىستىراكىت تۇيغۇلاردىن ئاللىبۇرۇن مەھرۇم بولغان . بىر كۈنلەردە مەن دۇنياغا گۈزەل ئابىستىراكىت تۇيغۇنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى نامايەن قىلماي قويمايمەن . شۇڭا ، كىشىلەر دورىيان گرېينىڭ پورتېرىتىنى مەڭگۈ كۆرەلمەيدۇ .

– مېنىڭچە سىز خاتالاشتىڭىز ، بازىل . سىز بىلەن تالىشىپ ئولتۇرغۇم يوق . ئەقىلىدىن ئاداشقان كىشىلەرلا ئەنە شۇنداق توختىماي مۇنازىرە قىلىشىدۇ . ئېيتىڭە ، دورىيان گرېي سىزنى ياخشى كۆرەمدۇ ؟

بازىل بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى :

– ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ ، – دېدى ئۇ بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، – مەن ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىمەن . ئەلۋەتتە ئۇنى قانچە ماختاپ ئۇچۇرسام ئەرزىيدۇ . مەن ئۇنىڭغا :« مەن چۇقۇم پۇشايمان قىلىمەن » دېگەندەك گەپلەرنى دېدىم . لېكىن ، شۇ گەپلەرنى دېگەن چاغدا تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز بىر خىل خوشلۇققا چۆمدۈم ، ئۇ كىشىنى بەكلا جەلىپ قىلىدۇ. رەسىم سىزىش ئۆيىدە ئولتۇرغاندا دېيىشمەيدىغان گەپلىرىمىز قالمايدۇ . لېكىن ، ئۇ بەزىدە مېنى ئازابلانسۇن دېگەندەك ، پەرۋاسىز قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ . شۇنداق چاغدا ئۆزۈمنىڭ روھىمنى باشقىلارغا تامام ھەدىيە قىلىۋەتكەنلىكىمنى ، باشقىلارنىڭ بولسا ئاشۇ روھىمنى كۆينىكىگە تاقىۋالىدىغان بىر تال گۈل ، ساختا قىياپىتىنى نىقاپلايدىغان بىر خىل بېزەك ياكى يازنىڭ بىر خىل زىننىتى قاتارىدا كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن ، ھاررى .

– ياز ئۇنداق ئاسان ئۆتۈپ كەتمەيدۇ ، بازىل ،- دېدى باستېر ھېنرى پىچىرلاپ تۇرۇپ ، – ئۇ بىزار بولماي تۇرۇپ ، سىز بىزار بولامسىز تېخى . ئويلىسا كىشىنى بەك ئازابلايدىكەن . لېكىن ، تالانت گۈزەللىكتىنمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا ، بىزگە بېرىلگەن تەربىيە زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەن . كەسكىن ياشاش رىقابىتىدە ئاسانلىقچە خاراپ بولمايدىغان نەرسىلەرگە ئىنتىلىمىز – دە ، ئەخلەت ۋە ئەرزىمەس ھەقىقەتلەر بىلەن چوڭ مىڭىمىزنى توشقۇزىۋېتىپ ، شۇ ئارقىلىق ئۆز مەرتىۋىمىزنى ساقلاپ قېلىشنى ئەخمەقلەرچە ئۈمىد قىلىمىز . بىلىمدە ھەقىقىي كامالەتكە يەتكەن كىشىلەرلا زاماننىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا مۇناسىپ ، لېكىن ئۇلارنىڭ كاللىسى قورقۇنچلۇق نەرسىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن . ئۇ خۇددى ئاقايىپ – غارايىپ نەرسىلەر ۋە توپا – چاڭ بىلەن تولۇپ كەتكەن بىر ئاسار – ئەتىقە دۇكىنىغا ئوخشايدۇ ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر نەرسىنىڭ باھاسى ئەسلى باھاسىدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ . مېنىڭچە ، سىز يەنىلا ئۇنىڭدىن ئاۋۋال بىزار بولىسىز . بىر كۈنلەردە دوستىڭىزغا قارىغان چېغىڭىزدا ، ئۇنى سىزىشتا سەل كەتكۈزۈپ قويغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز ياكى ئۇنى سىزىشتا ئىشلەتكەن رەڭلىرىڭىز كۆڭلىڭىزگە ياقماي قالىدۇ . ئىچىڭىزدە ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەيسىز ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز . كىيىنكى قېتىم ئۇ يېنىڭىزغا كەلگەندە ، ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىسىز . بۇ بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ، چۈنكى سىز دەل شۇ ئىش ۋەجىدىن ئۆزگىرىسىز . ماڭا دېگەنلىرىڭىز تولىمۇ رومانتىك ئىكەن، بۇنى يەنە سەنئەتنىڭ رومانتىكلىقى دېسەكمۇ بولغۇدەك . لېكىن ، رومانتىكلىقنىڭ ئەڭ چاتاق يېرى شۇكى ، ئۇ ئەڭ ئاخىردا كىشىلەرگە ئۇنچە رومانتىك ئدمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ قويىدۇ .

– بۇنداق دېمەڭ ھاررى . ھاياتلا بولىدىكەنمەن ، دورىيان گرېينىڭ خاراكتىرى ماڭا يول كۆرسىتىپ تۇرىدۇ . سىز بۇ ھېسياتىمنى زادىلا چۈشىنىپ يېتەلمەيسىز . سىز بەك تۇتۇرۇقسىز بولۇپ كىتىپسىز .

– ھەي، قەدىرلىك بازىل ، ئاسان ئۆزگىرەلىگەندىلا ئاندىن ھېس قىلالايمەن. ساداقەتمەن كىشىلەر پەقەت مۇھەببەتنىڭ ئەرزىمەس تۈگۈنچەكلىرىنىلا چۈشىنىدۇ ، ئۆزگىرىشچان ئادەملەرلا ئاندىن مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي ئازابىنى چۈشىنەلەيدۇ ، – لورد ھېنىرى كۈمۈشتىن ياسالغان نەپىس چاقمىقىدا ئوت تۇتاشتۇرۇپ، گويا پۈتۈن بىر دۇنيانى بىر جۈملە گەپ بىلەنلا يىغىنچاقلىۋەتكەندەك ، تاماكىسىنى ھوزۇرلىنىپ چېكىشكە باشلىدى . بىر توپ قۇچقاچ پىچەك گۈلىنىڭ ياپيېشىل يۇپۇرماقلىرى ئارىسىدا ۋىچىرلىشاتتى . تۈرۈم – تۈرۈم بۇلۇتلار ئاسماندا بىر – بىرىنى قوغلىشىپ ئوينايىتتى .گۈلزارلىق كىشىگە ئاجايىپ ھوزۇر بېغىشلايتتى . بىر كىشىنىڭ روھىغا دوستىنىڭ قايناق ھېسياتى قوشۇلغاندىلا ، ئاندىن ئۇ تۇرمۇشتا كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ . لورد ھېنىرى شۇ تاپتا بازىل خالۋاردنىڭ يېنىدا مەززىسىز چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەنلىكىگە ئىچىدە خوش بولۇۋاتاتتى . ئەگەر ئۇ ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە بارغان بولسا ، لورد گۇدبارد  بىلەن جەزمەن ئۇچرىشاتتى ، پاراڭ تېمىسى چۇقۇم نامراتلارنىڭ تاماق مەسىلىسى ، ئۇلار ئۈچۈن تۇرالغۇ سېلىپ بېرىشنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا بولاتتى . ھەر خىل قاتلامدىكى كىشىلەر گۈزەل ئەخلاقنىڭ مۇھىملىقىنى پەش قىلىشىدۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئاشۇ گۈزەل ئەخلاقنىڭ تەخىرسىزلىكى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان . پۇلدار كىشىلەر تېجەشلىك بولۇشنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ ، ئىش خۇشياقمايدىغان ھورۇن – يالقاۋلار ئەمگەكنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغۋار ئىش ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىماي ۋالاقشىيدۇ . ئۇ مۇشۇنداق گەپ سۆزلەرنى ئىشىتمىسە نەقەدەر ياخشى بولاتتى – ھە! ھاممىسىنى ئەسكە ئېلىشى بىلەنلا ، ئۇنىڭ كاللىسىدا تۇيۇقسىز بىر خىيال پەيدا بولدى ۋە بازىل خالۋاردقا بۇرۇلۇپ دېدى :

– بۇرادەر ، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى .

– نېمە ئېسىڭىزگە كەلدى ، ھېنىرى؟

– دورىيان گرېىينىڭ ئىسمىنى قەيەردە ئاڭلىغىنىم ئېسىمگە كەلدى .

– قەيەردە ئاڭلىغانىدىڭىز ؟ – سورىدى بازىل خالۋارد قوشۇمىسىنى تۈرۈپ قويۇپ .

– ئاچچىقىڭىز كەلمىسۇن ، بازىل . ئاگاسا ھاممامنىڭ ئۆيىدە ئاڭلىغان ، ئۇ لوندوننىڭ شەرقىي رايۇنى③ دا بىر يىگىتنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلغانلىقىنى ، ئىسمىنىڭ دورىيان گرېي ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان . جەزم قىلالايمەنكى ، ھاممام ماڭا ئۇنىڭ قاملاشقان ئىكەنلىكىنى دېمىگەن . ئاياللار گۈزەل قىياپەتتىن ھوزۇر ئېلىشنى ئۇقمايدۇ ، ھېچبولمىغاندىمۇ ياخشى ئاياللار شۇنداق بولىدۇ . ھاممام ئۇنى ماڭا بەك سەمىمىي ، قىزغىن ، ئاقكۆڭۈل دەپ تەرىپلىگەن بەرگەن . شۇ تاپتا كاللامدا كۆزەينەك تاقىۋالغان ، چاچلىرى شالاڭ ، يۈزلىرىنى سەپكۈن قاپلاپ كەتكەن ، لوڭۇلداپ مېڭىپ يۈرىدىغان بىر ئوبراز پەيدا بولىۋاتىدۇ ، دوستىڭىزنىڭ دەل شۇ ئىكەنلىكىنى بالدۇرراق بىلسەمچۇ ، كاشكى !

– بىلمىگىنىڭىزمۇ بىر ھېساپتا ياخشى بوپتۇ ، ھېنرى .

– نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟

– ئۇنى سىزگە كۆرسەتكۈم يوق .

– ئۇنى ماڭا كۆرسەتكۈڭىز يوقمۇ ؟

– شۇنداق .

– دورىيان گرېىي ئەپەندىم كەلدى ، رەسىم سىزىش ئۆيىدە ساقلاۋاتىدۇ ، ئەپەندىم ، – دېدى بىر خىزمەتكار گۈللۈككە كېلىپ .

– ئەمدىغۇ ئۇنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويارسىز ، – باستىر ھېنىرى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .

رەسسام قۇياش نۇرىدا كۆزىنى چىمچىقىلىتىپ تۇرغان خىزمەتكارغا بۇرۇلۇپ دېدى:

– گرېي ئەپەندى ساقلاپ تۇرسۇن ، پاك . مەن ھازىرلا كىرىمەن .

– خىزمەتكار بىرنى تازىم قىلىۋىتىپ ، كىچىك يولنى بويلاپ قايتىپ كەتتى .

– دورىيان گرېي مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم ، – دېدى رەسسام لورد ھېنرىغا قاراپ تۇرۇپ ، – ئۇنىڭ مىجەزى بەك ئېسىل ، ھاممىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان باھاسى ناھايىتى توغرا بوپتۇ . ئۇنىڭغا زەرەر يەتكۈزمەڭ ، تەسىز كۆرسىتىمەن دېگۈچى بولماڭ . بىلىمەن ، ئۇنىڭغا چۇقۇم ياخشى تەسىر بەرمەيسىز . بۇ دۇنيا بەكمۇ چوڭ ، كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس . مېنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى سېھرىي كۈچۈمنى ئۇ ئاتا قىلغان ، سەنئەتكارلىق ھاياتىم پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا باغلىق ، ئۇنى يېنىمدىن ئېلىپ كەتكۈچى بولماڭ . گەپلىرىمنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ ھاررى ، ئۈمىدىمنى يەردە قويمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن .

– تازا بىمەنە گەپ بولدى – دە ، بۇ ! – ھېنىرى كۈلۈپ كېتىپ خالۋاردنىڭ بىلىكىدىن تۇتتى – دە ، ئۇنى رەسىم سىزىش ئۆيىگە سۆرەپ كىردى .

_______________

ئىزاھات :

ئانتىنوس (110 – 130) ، رىملىق جەزبىدار يىگىت بولۇپ ، نىل دەرياسىدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغان . گرېتسىيىدىكى نۇرغۇن چېركاۋلاردا ئۇنىڭ ھەيكىلى بار .

ئاگېرنو (1825 – 1910) رەسىم سودىگىرى .

لوندوننىڭ شەرقىي رايونى _ لوندوننىڭ نامراتلار رايونى .

]]>
?feed=rss2&p=10545 0