«ئۇرۇش ۋە تىنىچلىق» نىڭ ئىزدەش نەتىجىسى – پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى http://www.pasahet.net Fri, 04 Nov 2016 04:54:31 +0000 ug-CN hourly 1 «ماندىلانىڭ تەرجىمھالى» ئۇيغۇر تىلىدا نەشردىن چىقماقچى ?p=12075 ?p=12075#respond Fri, 12 Dec 2014 10:51:25 +0000 ?p=12075  

«ماندىلانىڭ تەرجىمھالى» ناملىق كىتاب (ئىككى توم) نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى پات يېقىندا شىنجاڭ

خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ

تەرجىمە قىلغۇچىلار:

ھەزرىتى ئەلى بارات

قۇدرەت بارات

تارىخنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ئىزىغا ئەگىشىڭ؛

قالتىس ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەن ناھايىتى كەمتىرانە ھېسسىياتتا ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ ۋە ئىخلاس قىلىپ كەلدىم. ئۇنىڭ ئادىللىق ۋە باراۋەرلىككە ئېرىشىش يولىدا بەرگەن قۇربانلىقلىرى مېنى رىغبەتلەندۈردى. ئۆتكەنكى ئون يىلدا ناۋادا ئۇ بولمىغان بولسا، تارىخنىڭ قانداق بىر ھالدا بولدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەكمۇ قىيىنغا چۈشكەن بولاتتى.

                                                                        ــــــ ئامېرىكا پرېزدېنتى باراك ئوباما

پرېزدېنت ماندىلا نۇرغۇن ئىشلاردا بىزگە مۇھىم تەلىملەرنى بەردى: يامان ئىش ياخشى كىشى بىلەن دوقۇرۇشقىنىدا بىز يەنىلا ئەركىنلىكىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئىشقا سېلىپ ئادالەتسىزلىككە، رەھىمسىزلىككە ۋە زوراۋانلىققا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلىمىز؛ يۇقارقىلارنىڭ ئۆز روھىمىزغا، قەلبىمىزگە ۋە ئىرادىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى قارار قىلىمىز.

                                                             ــــــ ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزدېنتى بىل كېلىنتون

بۇ كىتابتا ماندىلانىڭ چاك- چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن، قالايمىقانچىلىق قاپلىغان، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئاسارىتىگە غەرق بولغان بىر دۆلەتنى يارىشىش ۋە تىنىچلىق يولىغا قانداق باشلىغانلىقى بايان قىلىنغان. سامپسوننىڭ بۇ مەشھۇر ئەسىرى ئۇلۇغ شەخس ماندىلا توغرىسىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك شاھانە ئەسەر بولۇپ قالغۇسى.

                                               ـــــ جون كارلىن «نيۇيور ۋاقىت گېزىتىنىڭ كىتابقا بەرگەن باھاسى»

«ماندىلانىڭ تەرجىمھالى» نى ئانتونى سامپسوندىنمۇ ياخشىراق يازالايدىغان ئادەم چىقمايدۇ. يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ تۇرۇپ يېزىلغان بۇ شاھانە ئەسەر ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ گۈلتاجىسى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ھالقىمىقى بەسى مۈشكۈل.

                                                             ــــــ جونىس «ئۆلچەم كەچلىك گېزىتى»

بۇ ـــ ئوخشاش تۈردىكى تەرجىمھال ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى . . . بۇ ماندىلا توغرىسىدىكى دەرسلىك خاراكتېرىگە ئىگە نادىر ئەسەر. بۇ ئەسەر ماندىلاغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇڭا ئۇ تەرجىمھاللار ئارىسىدىكى ئېنىسكلوپېدىيە دەپ ئاتىلىشقا مۇناسىپ. . . بۇنىڭدىن ئىلگىرى ماندىلانىڭ تەرجىمھالىنى يازغان ئاپتورلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سامپسون تېخىمۇ بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىزدىنىپ، باش تېما ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەپەككۇر يۈرگۈزگەن. تېخىمۇ كەڭ نەزەر بىلەن ماندىلانىڭ ھاياتىغا تەپسىلىي قاراپ چىققان. . . ئەسەردە ماندىلا بىلەن ۋېننىنىڭ ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە ئائىت ۋەقەلىكلەرنىڭ بايانى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىشى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەرجىمھاللاردا كۆرۈلمىگەن. ئۇنىڭ تەسۋىرلىرى تولىمۇ نەپىس، سەمىمىي ۋە ئىنچىكە.

                                                                             ـــــ يوھاننىسبۇرگ «يۇلتۇز گېزىتى»

بۇ ـــ كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان كىتاب . . . سامسوننىڭ سۆز- جۈملىلىرىدە ئورۋېلچە ئاددىيلىق ۋە روشەنلىك مەۋجۇد . . . سامپسون كۆپلىگەن شەخسىي خەت- چەكلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، بەزى مۇھىم تارىخىي شەخسلەرنى زىيارەت قىلغان، بۇ باشقا ئاپتورلار بىلەن سېلىشتۇرغۇسىز بىر ئەھۋال . . . سامپسون مۇشۇ ئاساستا چوڭقۇر، ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بارغان . . . بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغىنىڭىزدىن كېيىن، ئەگەر بىر كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىر ئادەمنى چۈشەنگىلى بولىدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا قېنى ۋە جېنى بار ماندىلانىڭ كىتابتا جانلىق گەۋدىلەنگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىسىز.

                                                           ـــــ جون خېگىن «ئىرېلاندىيە ۋاقىت گېزىتى»

بۇ ـــ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ شەخسلەردىن بىرى بولغان ماندىلانىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى نوپۇزلۇق، تەپسىلىي، قىممەتلىك بايانلارنىڭ خاتىرىسىدۇر . . .  مەن ھەر قانداق بىر تەجىمھال ئەسىرىنىڭ بۇ كىتابنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

                                         ـــــ جاستىن كاترېت «يەكشەنبىلىك تېلگېرامما خەۋەرلىرى گېزىتى»

بۇ كىتاب تولىمۇ رىتىملىق، تەپسىلاتلىرى ئېنىق يېزىلغان بولۇپ، كىتابتا كىشىنى بىزار قىلىدىغان تايىنى يوق مەزمۇنلار ئۇچرىمايدۇ؛ كىتابتا ئەمەلىي ئەھۋال توغرا ئىگىلەنگەن بولۇپ، بىزنى دائىم ھاياجانغا سالىدۇ. بۇ كىتابنى «ماندىلانىڭ تەرجىمھالى» دېگەن بۇ تېمىنى يورۇتۇپ بېرەلىگەن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

                                                               ـــــ رونالد سىگېر «كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى»

بۇ ـــ بىر چوڭقۇر تەتقىقات خاراكتېرلىك نادىر ئەسەر. كىتابنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كىتاب ئاپتورى ئانتونى سامپسون ئۆزى تەسۋىرلىمەكچى بولغان مەزمۇنلاردىن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ھالدا ئۆزىنى چەتكە ئالغان … ئاپتور جەنۇبىي ئافرىقا ئەركىنلىك ھەرىكىتىدىكى ماندىلانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە دۈشمەنلىرى بىلەن بىۋاستە پىكىرلەشكەن.

                                                 ــــــ ئانگوس كارد «شوتلاندىيە يەكشەنبىلىك گېزىتى»

سامپسوننىڭ تۇتقان يولى سىرلىق تاشقىي پەردىنى بۆسۈپ ئۆتۈش بولۇپ، ئۇ بۇ ئارقىلىق شەكلىي ھالدىكى ماندىلانى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي بىر ئىنساننى تەسۋىرلەپ بەرگەن . . . ئاپتور مۇشۇ نىشانغا يېتىش جەريانىدا چۈشىنىشلىك، كىشى قەلبىنى لەززىگە سالىدىغان بىر پارچە ئەسەرنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن . . . ماندىلانىڭ 27 يىللىق تۈرمە ھاياتى ناھايىتى موۋەپپەقىيەتلىك تەسۋىرلەنگەن . . . سامسون ئاللىقاچان ئەپسانىۋىيلىكتىن ھالقىپ كەتكەن بۇ بۈيۈك ئىنساننى بىزگە تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

                                                         ــــــ گىليان سلوف «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»

بۇ ـــ مەن ئوقۇغان ئەڭ ياخشى سىياسىي تەرجىمھال . . . سامسون پارچە- پارچە بۆلەكلەرنى شاھانە كىمخاپ قىلىپ چىقتى. بۇ ئەسەرگە ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار، دوستلار، دۈشمەنلەر، مەھبۇسلار، ھەتتا پرېزدېنتلارنىڭ ئۆزىگە خاس پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرى كىرگۈزۈلگەن. ماندىلانىڭ تۈرە ھاياتى ھەققىدە ئاپتور ئۆزىگە خاس چۈشەنچىگە ئىگە: ئاپتور: «مەيلى ئادەتتىكى كىشى ھېسابلانغان ماندىلاغا نىسبەتەن بولسۇن ياكى سىياسىئون ماندىلاغا نىسبەتەن بولسۇن، ئاشۇ يىللار ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك» دەپ قارايدۇ.

                                                                               ـــــ رىچارد دودىن «tablet»

ئىنچىكە پىكىر يۈزگۈزۈلگەن نادىر ئەسەر . . . جەنۇبىي ئافرىقا ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرى ۋە دېموكراتىك ھاكىمىيەتنىڭ دەسلەپكى بەش يىللىق تارىخىنى چۈشەنمەكچى بولغان ئوقۇرمەن بۇ كىتابنى ئوقۇسۇن . . . بۇ كىتاب كەلگۈسىدە ماندىلا ھەققىد يېزىلغان تەرجىمھاللار ئىچىدە ئەڭ نادىر، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەسەر بولۇپ قالىدۇ.

                                                          ـــــ شۇرا ماكس «تايمىس گېزىتى ئالىي مائارىپ قوشۇمچە سانى»

بۇ ـــ ناھايىتى تەپسىلىي يېزىلغان سىياسىي تارىخ، پىشقان بىر سىياسىئونغا ئوقۇلغان مەدھىيە، شۇنداقلا ماندىلانىڭ ئادەتتىكى ئادەملەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان يۈكسەك جاسارىتىنىڭ رېئال كارتىنىسى.

                                                                          ـــــ «كېكىس كىتاب باھاسى»

بۇ ـــ تولىمۇ قالتىس كىتاب . . . كىتابتىكى ۋەقەلىكلەر كىشىنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ . . . سامپسون ئەڭ نوپۇزلۇق تەرجىمھال يازغۇچىسى.

                                                            ـــــ بلەين روستران «كونا ئۇستىخان»

ئاپتورنىڭ تەرجىمھالى

ئانتونى سامپسون (1926-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2004- يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاپات بولغان) جەنۇبىي ئافرىقىلىق مۇخبىر، يازغۇچى ۋە ئالىم؛ جەنۇبىي ئافرىقا مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئىزچىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1951- يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ «دۇمباق» ناملىق ژۇرنىلى، ئەنگلىيە «كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. «دۇمباق» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، سوۋىتودا ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «مەنسىتمەسلىك ھەرىكىتى» گە تەييارلىق كۆرۈۋاتقان نېلسون ماندىلا بىلەن تونۇشقان.

1995-يىلى ئانتونى سامپسون ماندىلانىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ماندىلانىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئېتىراپ قىلىدىغان رەسمىي تەرجىمھالىنى يېزىپ چىققان. ماندىلا يەنە ئاپتورنى ئۆزىنىڭ يوھاننىسبۇرگدىكى تۇرالغۇسىغا بىللە ناشتا قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. ماندىلا ئاپتورغا: «بىز ئۇزۇن يىللىق دوستلاردىن، سىزگە ئىشىنىمەن» دېگەن ۋە ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئاپتور بىلەن مۇزاكىرىلەشكەن، شۇنداقلا ئاپتورغا مۇناسىۋەتلىك خەت- چەك ۋە ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ چىقىش ھوقۇقىنى بېرىپ، تەرجىمھالنىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلغان. بۇ كىتابنىڭ ئۆزى ھوقۇق بەرگەن بىردىنبىر رەسمىي تەرجىھال بولۇشىنى روياپقا چىقارغان.

ئانتونى سامپسون يەنە «دۇمباق: ئافرىقىدىكى تەۋەككۈلچىك خاتىرىسى»، «ئەنگلىيەنى ئوپېراتسىيە قىلىش» (بازارلىق كىتاب)، «يەتتە ئاچا- سىڭىل»، «قارا ۋە ئالتۇن»، شۇنداقلا «شىركەت قۇرغۇچى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ماندىلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پرېزدېنتى. ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۆلەت ئاتىسى دەپ ھۆرمەتلەنگەن. ئۇ مەھبۇسلۇقتىن ئەركىنلىك جەڭچىسىگە، ئازادلىقنى نىشان قىلغان جەڭچىدىن يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان شىجائەتلىك ئەربابقا، بىر پارتىيىنىڭ رەھبىرىدىن بىر دۆلەتنىڭ پرېزدېنتىغا ئايلانغان؛ دۆلەتنىڭ دېموكراتىيە مۇساپىسى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانغان. ماندىلا جەنۇبىي ئافرىقىدا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا ئادالەت ۋە ئىززەت- ھۆرمەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بۈيۈك نامايەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەۋرىمىزدىكى كىشىنى ئەڭ ئىلھاملاندۇرىدىغان مەشھۇر زاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

1995-يىلى ئاپتور ماندىلانىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ماندىلانىڭ ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق تەرجىمھالىنى يېزىشقا كىرىشكەن. ئاپتور بۇ تەرجىمھالنى يېزىش ئۈچۈم ماندىلانىڭ قەدەم ئىزى تەگكەنلىكى جاينىڭ ھەممىسىگە بارغان، ئۆز بايانلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ماندىلانىڭ رىۋايەتكە تولغان ھاياتىنىڭ مۇكەممەل كارتىنىسىنى نامايان قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئاپتور ماندىلا چوڭ بولغان ترانسكېيدىكى مۇقەددەس جاينى زىيارەت قىلغان، شۇنداقلا ماندىلانىڭ گۇنۇ كەنتىدىكى يېڭى تۇرالغۇسىغىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان. ئاپتور بۇ جەرياندا ماندىلانىڭ قەدىناس دوستلىرىنى، كونا خىزمەتداشلىرىنى زىيارەت قىلغان. شۇنداقلا ماندىلانىڭ ئىلگىرىكى رەقىبلىرى بىلەنمۇ پىكىرلەشكەن: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گۇندىپايلار، ئەمەلدارلار، يەنە كۆپلىگەن سىياسىئونلارمۇ بار ئىدى. ئاپتور يەنە سابىق پرېزدېنت بوتا، سابىق پرېزدېنت د. كلارك ۋە سابىق دېپلوماتىيە مىنىستىرى پىك بوتا قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلغان. ئاپتور تەلىيىگە ماندىلانى زىيارەت قىلغان ئاۋازلىق ماتېرىيالغا ئېرىشكەن، ماندىلانىڭ ئەزەلدىن ئىلان قىلىنىپ باقمىغان تۈرمە خاتىرىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن، شۇنداقلا ماندىلانىڭ قوليازمىلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى، خەت-چەكلىرىنى كۆرۈپ چىققان؛ تا ھازىرغىچە ئېلان قىلىنىپ باقمىغان دېپلوماتىيە ئاخباراتلىرىغا ئېرىشكەن. ئاپتور سىرتقى دۇنياغا ماندىلانىڭ رەڭدارلىققا تولغان ئاجايىپ- غارايىپ ھاياتىنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە، تارىخنى ئۆز ئەسلى بويىچە ئىپادىلەشكە، تارىخ كەينىگە يوشۇرۇنغان بۇ سىرلىق شەخسنىڭ قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ھاياتىنى نامايان قىلىپ بېرىشكە تىرىشقان.

پرېزدېنت ماندىلا بۇ كىتابنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن زور ياردەم بەرگەن: ماندىلا ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئاپتورنىڭ كۆپ قېتىملىق زىيارىتىنى زېرىكمەستىن قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا بۇ تەرجىمھالنىڭ تۇنجى ئورگىنالىنى تولۇق ئوقۇپ چىققان. كىتابتا بايان قىلىنغان بەزى تارىخىي ئەمەلىيەتلەرگە ۋە تەپسىلاتلارغا تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن باشقا، ئاپتورنىڭ شەخسىي باھالىرىغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن؛ شۇنداقلا پرېزدېنتنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان باھالىرى ئەسلى ئورگىنالغا باشقىچە تۈس قوشتى. شۇ قەدەر بۈيۈك تارىخىي شەخس بىلەن بۇ دەرىجىدە يېقىن ئارىلىقتىن ئالاقە قىلىش بۇ كىتابنى تەڭداشسىز چىنلىق ۋە ساقلاش قىممىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە كىتابنى ئابىدە خاراكتېرلىك بۈيۈك ئەسەرگە ئايلاندۇرغان.

كىرىش سۆز

مەن بۇ كىتابنى يېزىش شەرىپىگە ئېرىشكىنىمدىن چوڭقۇر ھاياجانلاندىم، شۇنداقلا زىممەمگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنىڭ ناھايىتى زورلۇقىنى ھېس قىلدىم. 1995- يىلى مەن پىرېزدېنت ماندىلاغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان ئاساستا ھۆكۈمەت تەرەپ ئېتىراپ قىلىدىغان نوپۇزلۇق بىر پارچە تەرجىمھالىنى يېزىپ چىقىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيتتىم. پىرېزدېنت ماندىلا خېتىمنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مېنى ئالايىتەن يوھاننىسبۇرگتىكى تۇرالغۇسىغا بىللە ناشتا قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق قەدىناس دوستلاردىن ئىكەنلىكىمىزنى، ئۆزىنىڭ ماڭا ئىشىنىدىغانلىقىنى ھەم بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە چاقچاق قىلىپ: «بىزنىڭ تۇنجى قېتىم يەر ئاستى قاۋاقخانىسىدا كۆرۈشكەنلىكىمىزنى تىلغا ئالمىسىڭىزلا بولدى» دېگەن گەپنى قوشۇپ قويدى. پىرېزدېنت يەنە 1962- يىلى سوراق قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندا مەن يازغان «ئەنگلىيەنى ئوپېراتسىيە قىلىش» ناملىق كىتابنى ئوقۇغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ھالقىلىق مەسىلىلەردە مەن بىلەن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا، تارىخىي پاكىتلارنىڭ ئىمكانقەدەر توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە قىلدى ھەمدە مېنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەت- چەك ۋە ھۆججەتلەرنى كۆرۈشۈمگە ئالاھىدە ھوقۇق بەردى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېنى ئۆز ئالدىمغا ھۆكۈم چىقىرىشقا، ئۆز باھالىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ: «بىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز ـــ خاتالىقلاردىن ئىبرەت ئېلىش» دېدى ھەمدە «مەن پەرىشتە ئەمەس» دېگەن گەپنى يېنىش- يېنىشلاپ تەكىتلىدى.

مەن 1951- يىلى يوھاننىسبۇرگتا ماندىلا بىلەن تونۇشۇش شەرىپىگە ئېرىشكەنىدىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلدا ماندىلا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان پەيتلەرگە، ئۇ تۈرمىگە قامالغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىشلارغا تەڭ شاھىد بولدۇم. ماندىلا بىلەن قەدىناسلاردىن بولۇپ قېلىشىمنى يەنىلا ئۆزۈمنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا كېلىپ، قارا تەنلىكلەرنىڭ «دۇمباق» ناملىق ژۇرنىلىغا باش مۇھەررىر بولغان ۋاقتىمدىن باشلىشىمغا توغرا كېلىدۇ. قارا تەنلىكلەرنىڭ «دۇمباق» ناملىق ژۇرنىلى يوھاننىسبۇرگتىكى سانسىزلىغان قارا تەنلىك تالانتلىق يازغۇچىلار، مۇزىكانتلار ۋە سىياسىيونلار ئۈچۈن ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىدىغان بىر دەرۋازىنى ئېچىپ بەرگەنىدى. 1948- يىلى ئىرقىي ئايرىمچى ھۆكۈمەت تەختكە چىققاندىن تارتىپ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى، «دۇمباق» ناملىق بۇ ژۇرنال بۇ ھەرىكەتلەرنى يېقىن ئارىلىقتىن تۇرۇپ كۆزىتىش، چۈشىنىش ۋە بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. 1952- يىلى مەن ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ «مەنسىتمەسلىك ھەرىكىتى» نى قانات يايدۇرۇش قارارىنى ماقۇللاش توغرىسىدىكى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، ماندىلانىڭ بىرىنچى شۆبە پىدائىيلار قۇشۇنىنى قۇرغانلىقىغا شاھىد بولدۇم؛ 1954- يىلى ماندىلانىڭ سوفىيەتاۋىننى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قوزغىغان ئاممىۋى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. سوفىياتاۋىن بىر نامراتلار گەمىسى بولۇپ، ئۇ يەردە ئوخشىمىغان ئىرقتىكى نامرات خەلقلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى. مەن ئۇ يەردە بىر قانچە كۆڭۈللۈك ئاخشاملارنى ئۆتكۈزگەنىدىم. 1957- يىلى دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتىگە سوت ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە ماندىلا بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىم تېخىمۇ كۆپەيدى، كېيىن مەن يەنە مۇشۇنى تېما قىلىپ بىر پارچە كىتاب يازدىم. 1960- يىلى «كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى سالاھىيىتىم بىلەن شارپىۋېل كرىزىسىنى خەۋەر قىلدىم ھەمدە چوڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن سوۋىتودا ماندىلانى زىيارەت قىلدىم. ماندىلانى تۈرمىگە تاشلىنىشتىن بۇرۇن، يەنى 1964- يىلى پرېتورىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن رىۋونىيە سوتىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆردۈم. مەن شۇ قېتىملىق سوتقا سىرتتىن قاتناشقانىدىم، شۇ چاغدا ماندىلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سۆزلەيدىغان نۇتۇققا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ماندىلانىڭ 27 يىللىق تۈرمە ھاياتىغا شاھىد بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن بىر مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇشۇ ئارىلىقتا جەنۇبىي ئافرىقىنى كۆپ قېتىم ساياھەت قىلىپ، ماندىلانىڭ لوندون ۋە باشقا جايلارغا سۈرگۈن قىلىنغان سەپداشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردۇم. 1980- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى توقۇنۇش ئۈزۈكسىز ئەۋجىگە چىقتى. مۇشۇ مەزگىلدە مەن ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ لوندوندا تۇرۇۋاتقان رەئىسى ئولىۋېر تامبو بىلەن كۆپرەك ئالاقىلەشتىم ھەمدە ئۇنى ئەنگلىيەنىڭ سودا ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇردۇم. مەن يەنە ۋىننى ماندىلا بىلەن تېلېفوندا دائىم ئالاقىلىشىپ تۇردۇم. قارا تەنلىكلەر سىياسىيسى ۋە سودا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «قارا ۋە ئالتۇن» ناملىق كىتابىمغا ماتېرىيال توپلاش ئۈچۈن 1985- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە داۋاملاشقان كرىزىس مەزگىلىدە، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى 1986- يىلى مېنىڭ چېگرىدىن كىرىشىمنى چەكلىگۈچە بولغان ئارىلىقتا يوھاننىسبۇرگقا قايتا- قايتا باردىم. كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى مېنىڭ چېگرىدىن كىرىشمنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، شۇنىڭ بىلەن 1990- يىلى 2- ئايدا ماندىلا قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن جەنۇبىي ئافرىقىغا يەنە باردىم ۋە ئۇنى سوۋىتودىكى ئۆيىگە ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم يوقلاپ بېرىپ تۇردۇم. شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىلدا ماندىلا بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈش شەرىپىگە نائىل بولدۇم. ئۇنىڭ بىلەن بەزىدە لوندوندا كۆرۈشتۈم. لوندوندىكى پۇل توپلاش زىياپەتلىرىدە ئۇ مەندىن ئۆزىنى زىياپەتكە كەلگەن مېھمانلار بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈندى. يەنە بەزىدە يوھاننىسبۇرگتا كۆرۈشتۈم. مەن يوھاننىبسۇرگقا دائىم باراتتىم، مەن دەل ئاشۇ يەردە 1994- يىلى 4- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ سايلامنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم.

خام ماتېرىيال تەييارلاش باسقۇچىدا ئايالىم سارىنىڭ ھەمراھلىقىدا نەچچە قېتىم جەنۇبىي ئافرىقىغا باردىم. بىزنىڭ قەدەم ئىزىمىز ماندىلا بارغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ يەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەھۋاللاردا ئۆزگىرىش بولدى، نۇرغۇن ئىشلار ئەسلى ھالىتىدەك بولماي قالغانىدى. لېكىن، ھەر قېتىم بىر جايغا بارغان چېغىمىزدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلاتتىم، شۇنداق تۇيغۇلارغا چۆمۈلەتتىم. بايان قىلىپ بەرگەنلىرىم بىلەن باغلىغان مۇناسىۋەتلىرىمنىڭ ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ كۆز ئالدىدا ماندىلانىڭ رىۋايەتكە تولغان ھاياتىنىڭ مۇكەممەل كارتىنىسىنى نامايان قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. مەن پرېزدېنت ماندىلانىڭ ئوخشىمىغان دەۋر ۋە سورۇندىكى سىماسىنى كۆردۈم: ماندىلانىڭ پرېتورىيە ۋە كېيىپتاۋىندىكى ئىشخانىسى ۋە تۇرالغۇسىدا، خوفتوندىكى ئۆيىدە، روببېن ئارىلىدا، كەچلىك زىياپەتلەردە، كېيىپتاۋىندا ئېچىلغان يىغىنلاردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش شىتابىدا ياكى لوندونغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن كەلگەن چېغىدا كۆرۈشتۈم. مەن يەنە ماندىلا كىچىك ۋاقتىدا ئۆسۈپ- چوڭ بولغان جايغا ـــ ترانسىكېيدىكى «مۇقەددەس جاي» غا، گۇنۇ كەنتىدىكى يېڭى تۇرالغۇلارغا باردىم. زىيارەت داۋامىدا ماندىلانىڭ نۇرغۇن قەدىناس دوستلىرىنى، خىزمەتداشلىرىنى زىيارەت قىلدىم؛ ئۇنىڭ بۇرۇنقى رەقىبلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم: ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۈرمە گۇندىپايلىرىمۇ، ئەمەلدارلارمۇ، سىياسىي داھىيلارمۇ بار ئىدى. مەن «قاقاسلىق» قا بېرىپ سابىق پىرېزدېنت بوتانى زىيارەت قىلدىم، كېيىپتاۋىندا سابىق پىرېزدېنت د. كلاركنى كۆردۈم، تىرانسىۋالغا بېرىپ سابىق دېپلوماتىيە مىنىستىرى پىك بوتانى يوقلىدىم.

1994- يىلى ماندىلانىڭ سانسىزلىغان ئوقۇرمەنلەرگە ئىلھام بېغىشلىغان تەرجىمھالى «ماندىلانىڭ ئەركىنلىك يولى» نەشر قىلىندى. بۇ كىتابتا ماندىلانىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي ھاياتى ھەققىدىكى خاتىرە ۋە بايانلىرى تەسۋىرلەنگەنىدى، بۇنى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور كىتاب دېيىشكە بولاتتى. بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا «ماندىلانىڭ ئەركىنلىك يولى» ناملىق كىتابنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى رىچارد ستېنگېل ئەپەندىمنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتىم. ماڭا ئۇنىڭ ئەينى چاغدا ماندىلا ئەپەندىم بىلەن قىلىشقان ئۈنئالغۇلۇق زىيارىتىنىڭ زور ياردىمى بولدى. مەن يەنە ماندىلانىڭ تېخى ئېلان قىلىنمىغان تۈرمە خاتىرىلىرىنى ئوقۇدۇم، قوليازمىلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى كۆردۈم. ماندىلانىڭ تەرجىمھالى ئۇ پىرېزدېنتلىققا سايلانغان دەسلەپكى مەزگىللىرىدە نەشر قىلىنغانىدى. ئەينى چاغدا بۇ كىتابنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى قىممىتى ناھايىتى زور ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماندىلا تولىمۇ كەمىتەر ئادەم ئىدى. شۇنداق بولغاچقا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا نۇرغۇن بوشلۇق ئاتا قىلغانىدى. بىزنىڭ كۆرمەكچى بولغىنىمىز «ئۇ كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە قانداق ئادەم ئىدى، ئۇ دوست ۋە دۈشمەنلىرى بىلەن قانداق ئۆتەتتى؟» دېگەندەك تېخىمۇ سىتىرىئولاشقان كارتىنا ئىدى. ئۇنى ئەينى چاغدىكى خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈش ئۈستىگە قويغان چېغىمىزدىلا ئاندىن ئۇ تېخىمۇ سىتىرىئولۇق، تېخىمۇ جانلىق يوسۇندا نامايان بولاتتى.

ماندىلا رىۋايەتكە تولغان ئەزىم ھاياتىدا ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئازاب- ئوقۇبەت ۋە جاپا- مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈردى. شۇڭا بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا مەن سىرىتقى دۇنيانىڭ كۆزى ئارقىلىق ئۇنىڭ رىۋايەتكە تولغان ھاياتىنى تېخىمۇ رەڭدار تەسۋىرلىمەكچى بولدۇم؛ ئەينى چاغدىكى جىمى تەپسىلاتلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇشقا ۋە قايتا نامايان قىلىشقا تىرىشتىم. بۇنىڭدىن باشقا مەن يەنە ماندىلانىڭ تۈرمىدىكى ئوبرازىنىڭ قانداق قىلىپ كۈنسېرى بۈيۈكلەشكەنلىكىنى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا دۇنياۋى تەسىر كۈچىنى قانداق شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئەينى چاغدا مەھبۇسلۇق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ماندىلانىڭ قانداق قىلىپ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى جانلىق بايان قىلدىم.

ماندىلانىڭ ئۇزۇن تۈرمە ھاياتى مېنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشىمدىكى بىر مۇھىم نۇقتا بولغاچقا، ناھايىتى كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلدىم، ئەزەلدىن سىرتقا ئاشكارىلىنىپ باقمىغان خەت- چەك ۋە ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ چىقتىم. ماندىلانىڭ تۈرمە ھاياتىدا نامايان قىلغىنى ئادەمنىڭ كۈچ- قۇدرىتى ۋە كىشىلىك خاراكتېرگە بولغان بىر زور سىناق ئىدى. بىر تەرجىمھال يازغۇچىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ كەچۈرمىش ناھايىتى زور قىممەتكە ئىگە: ئۇ بىزگە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مەيدان ئاشكارا ئويۇننى ئەمەس، بەلكى بىر شەخسىي تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ؛ ماندىلانىڭ دوست- يارانلىرى ۋە تۈرمە گۇندىپايلىرى بىلەن بولغان بۇرۇنقى مۇناسىۋىتى دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئافرىقىنىڭ سىياسىي قاتلىمىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەنىدى. ماندىلانىڭ تۈرمىدە ئۆتكەن ھاياتى ھەمىشە ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ ئۈزۈلمە قاتلىمى دەپ قارىلىدۇ. لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، ماندىلانىڭ تۈرمە ھاياتى ماندىلانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. دەل ئاشۇ تۈرمە ھاياتى ماندىلادا جاھىل، بوينى قاتتىق خاراكتېرنى پەيدا قىلغان؛ ئۇنىڭ ئۆز پىكرىدىن ئالدىراپ يانمايدىغان پائالىيەتچىلىك خاراكتېرىنى كۈنسېرى پىشىپ- يېتىلدۈرگەن. نەتىجىدە ئۇ تەدرىجىي ھالدا ئۆزى ھەققىدە قاتتىق ئويلىنىدىغان، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان دۇنياۋى سىياسىيون بولۇپ يېتىشىپ چىققان.

ماندىلانىڭ خەت- چەكلىرىنى ئوقۇش، تا ھازىرغىچە سىرتقا ئاشكارىلانمىغان دېپلوماتىيە ئاخباراتلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ماندىلانىڭ كەچۈرمىشلىرىنى دۇنياۋى ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىغا قويۇپ چۈشىنىشكە تىرىشتىم. كىتابتا مەن غەرب دۇنياسىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ 60- 70- يىللىرىدىكى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۆلەت ئىچىدە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان كىرىزسىكە بولغان خاتا چۈشەنچىسىنى، ئۇلارنىڭ بۇ كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى خاتا ئۇسۇللىرىنى ھەمدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ماندىلا ۋە ئۇنىڭ دوست- يارانلىرىغا بولغان خاتا تونۇشىنى بايان قىلدىم. كىتابتا يەنە ماندىلانىڭ دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىن بىر مەزگىل غايىپ بولغانلىقىنى، ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇنىڭ شان- شۆھرىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى بايان قىلدىم. تاشقىي دۇنيادىكىلەرنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا بولغان كۆز قارىشى تولىمۇ ئۆزگىرىشچان ۋە پەرقلىق ئىدى: دەسلەپتە كىشىلەر جەنۇبىي ئافرىقا پات ئارىدا قانلىق قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ دەپ قاراشتى؛ كېيىن بۇ يەر ماندىلانى مەركەز قىلغان ھالدا سۆھبەتلىشىش ۋە ياراشتۇرۇلۇشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. كىتابتا مەن مۇشۇلارنى تولۇقى بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلىدىم.

بۇ مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا پىرېزدېنت ماندىلا ماڭا غايەت زور ياردەم قىلدى: ئۇ ناھايىتى ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، مېنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىشىمغا ماسلىشىپ بېرىپلا قالماي، يەنە كىتابنىڭ دەسلەپكى ئورگىنالىنى تەپسىلىي كۆرۈپ بەردى. بەزى تارىخىي پاكىت ۋە تەپسىلاتلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن باشقا يەنە ماڭا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆز باھايىمنى بەرگەن جايلارغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدى. شۇنداقلا پرېزدېنتنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان باھالىرى ئەسلى ئورگىنالغا باشقىچە تۈس قوشتى. شۇنداق دېيىشكە بولاتتىكى، بۇنچە زور تەسىرگە ئىگە بىر تارىخىي شەخس بىلەن ھايات ۋاقتىدا يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ ئالاقە قىلىش كىشىگە ئۇنچە ئاسان نېسىپ بولمايتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە ماندىلانىڭ سىرداش دوستلىرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتىم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر 50- يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ مەن بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇشقانىدى. ئەخمەد كاترادا ماندىلانىڭ تۈرمىدىكى سەپدېشى بولۇپ، ماندىلا بىلەن تۈرمىدە 25 يىللىق جاپا- مۇشەققەتنى بىللە باشتىن كەچۈرگەنىدى. بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا كاترادا ماڭا باش مەسلىھەتچى بولدى، مېنى نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. مەن ئۇنىڭ ياردىمىدە ماندىلانىڭ ھىم يېپىلغان دەرۋازا كەينىدىكى شانلىق دۇنياسى ۋە سىرلىق تارىخىنى ئەھلى جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىپ بەردىم. بۇ كىتابنى تەييارلاش جەريانىدا سىسۇلۇمۇ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، مەن بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ ئىلھامىمنى قوزغىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا قاتنىشىشتىكى ئۆزگىچە چۈشەنچىلىرى ۋە ئەللىك نەچچە يىلدىن بۇيانقى چوڭقۇر ئويلىنىشلىرىنى كىرگۈزدى. ماك ماخاراج ئەسەرنىڭ دەسلەپكى ئورگىنالىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ، ئۆز ئۆيىدە ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىۋاتقان تۈرمىنىڭ ئىچى- تېشى ھەققىدىكى تارىختا يېزىپ قالدۇرۇلمىغان ۋەقەلەرنى ئاشكارىلىدى. پىرېزدېنت ۋە ئىچكى كابېنت باش ۋەزىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدېرى، پىروفېسسور جەكس گېرۋېلمۇ مېنى ئۆزى ياخشى چۈشىنىدىغان ماندىلا ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھۋالى بىلەن تەمىنلىدى. نادىن گوردىمېر مەن بىلەن ئەڭ ئۇزۇن باردى- كەلدى قىلغان، شۇنداقلا مەن ئەڭ قەدىرلەيدىغان ئاق تەنلىك دوستۇم ئىدى، يوھاننىسبۇرگتىكى ۋاقتىمدا ئۇنىڭ بىلەن دائىم بىللە يۈرەتتىم. ئۇ پىرېزدېنتنىڭ قەدىناس دوستى بولغاچقا، نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنىدى. نادىن گوردىمېرنىڭ مېنىڭ مۇشۇ تارىخلارغا بولغان ئۆزگىچە كۆزىتىشلىرىم ۋە ھېس- تۇيغۇلىرىمغا بولغان تۆھپىسىمۇ زور ئىدى. ئادېلەيد تامبو ئولىۋېر تامبونىڭ يەسىرەسى بولۇپ، مېنىڭ لوندون ۋە يوھاننىسبۇرگتىكى ۋاقتىمدىكى دوستۇم ئىدى. ئۇ تەمىنلىگەن ئەسلىمىلەر ۋە خەت- چەكلەر بىزنى ماندىلا ئەر- ئايال بىلەن تامبو ئەر- ئايال ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىمىزنى قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال ۋە ئاساسلار بىلەن تەمىنلىگەنىدى. جورجى بىزۇس ماندىلانىڭ تۇنجى ۋەكالەتلىك ئادۋوكاتى ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم رىۋونىيە سوتىدا كۆرۈشكەنىدىم. كېيىن مەن جەنۇبىي ئافرىقىغا ھەر قېتىم بارغىنىمدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەتتىم. شۇنداق دېيىشكە بولاتتىكى، بىزۇسنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۆتكەن ئىشلارغا بولغان جانلىق ئەسلىمىلىرى مەزكۇر كىتابنىڭ شۆھرىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرغانىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ماندىلانىڭ تەرجىمھالىنى يازغان ئىككى يازغۇچىمۇ پىرېزدېنتنىڭ ئۆمۈرلۈك دوستلىرى ئىدى. بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا ئۇلارمۇ ماڭا مەردانىلىك بىلەن ياردەم قىلدى، قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپلەرنى بەردى، مېنى قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. مەرى بېنسون لوندوندىكى ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كونا بىر ئەۋلاد تەشەببۇسچىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسى ۋە ماندىلا جەمەتىنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئۆزىگە خاس چۈشەنچىلىرى بار ئىدى. 50- يىللاردىن باشلاپ، ئالاھىدە ھالقىلىق پەيتلەردە ماندىلانىڭ يېنىدا فاتىمە مىل ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى. بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا فاتىمە مىلمۇ مېنى قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىر ۋە ھۆججەت- ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. قەدىناس دوستۇم جوئى مېنىل بۇرۇن ماندىلا ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەنىدى. ئۇ ھەتتا بۇ كىتابنى يېزىشىمنى قوللاش ئۈچۈن مېنى زور مىقداردىكى زىيارەت ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىدى.

نۇرغۇن يېڭى دوستلىرىممۇ ماڭا خالىسانە ياردەم قىلدى، مەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى گېل گېخارتقا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتمىمەن. گېخارت تولىمۇ بىلىملىك ئايال ئىدى. ئۇ باش مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەر سىياسىيسى توغرىسىدىكى «قارشىلىق كۆرسىتىشتىن جەڭ ئېلان قىلىشقىچە» ناملىق بەش توملۇق تارىخىي ئوقۇشلۇق تارىخ ئۆگەنمەكچى بولغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى ئىدى. گېخارت ماڭا نۇرغۇن قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى بېرىپلا قالماي، يەنە مېنى نۇرغۇن قىممەتلىك ماتېرىياللاردىن تەڭ بەھرىمان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ تېخى ئېلان قىلىنمىغان نۇرغۇن ھۆججەتلىرى ۋە زىيارەت خاتىرىلىرى بار ئىدى.

جەنۇبىي ئافرىقىدىكى نۇرغۇن كىتاب ۋە ئارخىپ باشقۇرغۇچىلارمۇ ماڭا ناھايىتى چوڭ ياردەم قىلدى: ئۇلار مېنى كىشىلەرگە تېخى ئاشكارىلانمىغان قىممەتلىك ئارخىپ ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. ماڭا ياردەم بەرگەن كۇتۇپخانا ۋە مەن پايدىلانغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە: يوھاننىسبۇرگتىكى بۇرانسېست كۇتۇپخانىسى، ۋىتۋاتېرسرەند ئۇنىۋېرسىتېتى كالۇن كۇتۇپخانىسى، يوھاننىسبۇرگ بېكىرخائۇس ۋە فورتخاير ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلىنىۋاتقان ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىگە ئائىت ئارخىپلار، گىراخامسىتون رودس ئۇنىۋېرسىتېتى كېررى كۇتۇپخانىسى، كېيپتاۋىن ئۇنىۋېرسىتېتى ھېنىرى ئوبىنخايىم كۇتۇپخانىسى، غەربىي كېيىپ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخىپخانىسى، يوھاننىسبۇرگدا چىقىدىغان «يۇلتۇز گېزىتى» ۋە «كېيىپ ۋاقىت گېزىتى» دە بېسىلغان قىممەتلىك خەۋەرلەر. بۇنىڭدىن باشقا، ئەزەلدىن ناھايىتى سىرلىق تۈس ئالغان ھۆكۈمەت ماتېرىيالخانىسىمۇ ماڭا ئالاھىدە ئېچىۋېتىلدى. ئامېرىكا ۋاشنگتون دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئارخىپخانىسىمۇ مېنىڭ ناھايىتى مۇھىم ماتېرىيال مەنبەيىم بولدى.

زېھنى ئۆتكۈر، پەم- پاراسەتلىك ياردەمچى تەتقىقاتچىم دوكتور جامۇس ساندىسنىڭ ياردىمىدە خىزمىتىم خېلى ئوبدانلا يەڭگىللىدى. لوندون، ۋاشنگتون، پرېتورىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ئارخىپخانىلاردىن كەلتۈرۈلگەن دۆۋە- دۆۋە ماتېرىياللارنى ساندىس بىر- بىرلەپ كۆرۈپ، جەۋھەرلىرىنى ئايرىپ چىقتى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا تەكشۈرۈشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولۇپ، يېڭى- يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بولۇپ تۇردى. ساندىسنىڭ بۇ كىتابقا قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور بولدى.

بۇ كىتاب نەشردىن چىقىشتىن بۇرۇن مەن خارپىر كوللىنىستىن كەلگەن بىر نەشرىيات گۇرۇھىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ھەمكارلىقىغا ئېرىشتىم. بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىش تەكلىپىنى سىتۇئارت پرۇفىت ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇنداق دېيىشكىمۇ بولاتتىكى، ئۇ بولمىغان بولسا بۇ كىتاب يورۇقلۇققا چىقمىغان بولاتتى. 1998- يىلى سىتۇئارت پرۇفىل خارپىر كوللىنىستىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۇ كىتاب يەنە نەشرىيات گۇرۇھىنىڭ رەئىسى ئەيدى بېلنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە بۇ كىتابقا ئەجىر سىڭدۈرگەن جاپاكەش مۇھەررىر رىچارد جونسون، روبېرت رېيىس، نەشرىيات گۇرۇھى تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى خەيلۇن ئېرىسقا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇلار بۇ كىتابقا ناھايىتى جىق ئەجىر سىڭدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئايالىم سارىغا رەھمەت ئېيتىمەن، مەن قەيەرگە زىيارەتكە بارسام ئايالىممۇ ماڭا ھەمراھ بولۇپ تەڭ باردى، شۇنىڭ بىلەن سەپىرىم ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئەسەرنىڭ باس تېمىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر يورۇتۇپ بېرەلىدىم.

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كىتابىمغا تەنقىدىي ۋە تۈزىتىش پىكىرلىرىنى بەردى، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن. بۇ كىتابىمدا بەزى مەسىلىلەر ۋە خاتالىقلار ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيەتنى كەمىنە ئاپتور تولۇق ئۈستۈمگە ئالىمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ قانداق پىكىر- تەكلىپلىرى بولسا ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئانتونى سامپسون

1999- يىل 12- ئاي، لوندون

 

]]>
?feed=rss2&p=12075 0
گارسىيە ماركوس:پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ ?p=12002 ?p=12002#comments Fri, 21 Feb 2014 02:51:57 +0000 ?p=12002 پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ

گارسىيە ماركوس (كولومبىيە)

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

مۇھەررىردىن :بۇ گارسىيە ماركوسنىڭ 1961-يىلى ئېلان قىلىنغان پوۋېستى. ئەسەردە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن بىر پولكوۋنىكنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاچارچىلىق دەستىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدەك ئېچىنىشلىق تراگېدىيە تەسۋرلەنگەن. چىلىنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىسى لۇيس خارسنىڭ باھاسى بويىچە ئېيتقاندا، پولكوۋنىك- گارسىيە ماركوسنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان پېرسوناژلىرىنىڭ بىرى. دەرۋەقە، ئەسەردە ئاپتۇر پولكوۋنىكنىڭ ۋۇجۇدىدىكى خاسلىقنىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى چۇڭقۇر قېزىپ بەرگەن. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، بۇ ئەسەرنى ئاپتۇرنىڭ پارىژدا مۇخبىرلىق قىلىپ تۇرىۋاتقان چاغدىكى روھىي ھالىتىنىڭ تەسۋىرى دېيىشكە بولىدۇ. پولكوۋنىكنىڭ ئۆلۈمىنىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ كۈتۈۋالغىنىدەك ئۆزگىچە خاسلىقى ئەسەرنى چەكسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلغان. ئاپتۇر بۇ پوۋېستىدىن: « ئىجادىيەت ھاياتىمدا ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئەسىرىم، سەنئەت مۇۋەپپەقىيتى جەھەتتە <يۈز يىل غېرىبلىق>تىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دەپ ماختىنىدۇ.

 

پولكوۋنىك قەھۋە قۇتىسىنى ئېچىپ، ئىچىدە بىر قۇشۇقلا كەلگۈدەك قەھۋە قالغانلىقىنى كۆردى ۋە ئوچاقتىن قازاننى ئېلىپ ئىچىدىكى سۇنىڭ يېرىمىنى تۆكۈۋەتتى، ئاندىن قەلەمتىراچ بىلەن قۇتىنىڭ ئىچىنى قىرىپ، تۆمۈر دېتى ئارىلاش ئازراق قەھۋەنى قازانغا سالدى.

ئوچاقنىڭ يېنىدا ساددا، ئەمما مەغرۇر بىر ھالەتتە ئولتۇرغان پولكوۋنىك قەھۋەنىڭ قاينىشىنى كۈتۈۋېتىپ چۈشىنىكسىز بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالدى. ئۆكتەبىر كىرىپ قالغانىدى. بۇ ئالدىن ھۆكۈم قىلىش تەس شۇنداق بىر سەھەر ئىدى، بۇنداق سەھەرنى تالاي قېتىملاپ باشتىن كەچۈرگەن پولكوۋنىكمۇ بۇ سەھەردە زادى قانداق بىر ھالنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا ئامالسىز ئىدى. ئالدىنقى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشتىن كىيىنكى ئەللىك ئالتە يىل داۋامىدا پولكوۋنىك كۈنلىرىنى كۈتۈش بىلەنلا ئۆتكۈزدى. ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ كىرىشىنىمۇ ئوخشاشلا تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ كەلگەنىدى.

خوتونى پولكوۋنىكنىڭ قەھۋە كۆتۈرۈپ كىرەگەنلىكىنى كۆرۈپ پاشىلىقنى ئاچتى. ئاشۇ كۈنى زىققا كېسىلى قوزغىلىپ قالغاندىن بېرى ئايال يېرىم بىھۇش ھالەتتە قىينىلىپ ياتاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ تەستە ئۆرە بولۇپ ئېرىنىڭ قولىدىن ئىستاكاننى ئالدى.

-سىزچۇ؟ سورىدى ئۇ.

-مەن ئىچىپ بولدۇم،- دېدى پولكوۋنىك خوتۇنىنى ئالداپ،- قۇتىدا يەنە چوڭ قوشۇقتا بىر چىققۇدەك قەھۋە قالدى.

شۇ ئەسنادا سىرتتا ماتەم قوڭغۇرقىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. پولكوۋنىك مېيىت ئۇزىتىدىغان ئىسنى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقارغانىدى. شۇچاغدا پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ئۆلگۈچىنى ئەسلەپ قالدى.

–   ئۇ ئوغلىمىزدىن دەل بىر ئاي كېيىن يەنى 1922- يىل 4- ئاپرېل تۇغۇلغانىدى،- دېدى ئۇ.

بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان، بېلى يادەك ئېگىلگەن، چىرايى تامدەك ئاقارغان بۇ ئايال شامال ئۆتۈشمەيدىغان پاشىلىقتا قەھۋەنى ئاستا سۈمۈرۈپ ئىچىۋاتاتتى، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ قالغاچقا، ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆلزلىشىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئىستاكاندىكى قەھۋە تۈگىدى، ئەمما ئايال ئۆلگۈچىنى خىيالىدىن چىقىرالماي ئولتۇرۇپ كەتتى.

-جەسەتنى 10- ئۆكتەبىردە دەپنە قىلىش قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەسمۇ؟

پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ گېپىگە ئېرەن قىلماي دېرىزىنى ئاچتى. ھويلىدا ئۆكتەبىر كىرەگەنلىكىنىڭ دالالىتى سۈپىتىدە دەل- دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى كۆكىرىشكە باشلىغان، سازاڭ قۇرتلار توپىلىق يەردە ئۆزىنىڭ ئەپچىل پاناھ جايلىرىنى ياساشقا تۇتۇنغانىدى. پولكوۋنىك شۇلارنى تاماشا قىلىۋېتىپ، كۆڭلىدە ئۆكتەبىرنىڭ خەيرلىك بولمىغان بىشارەتلىرىنى سەزگەندەك قىلاتتى.

-بەك سوغۇقۇم ئېشىپ كېتىپتۇ،- دېدى پولكوۋنىك.

       – شۇ يامغۇرنىڭ كاساپىتى،- دېدى خوتۇنى جاۋابەن،- يامغۇر ياغقاندىن باشلاپلا سىزگە، ئۇزۇن پايپىقىڭىزنى كىيىپ يېتىڭ دېگىلى تۇرغان.

      – بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۇزۇن پايپىقىمنى كىيىپ ئۇخلىغان.

     سىم- سىم يامغۇر ھېچ توختايدىغاندەك قىلمايتتى. پولكوۋنىك ئەدىيالغا يۆگىنىپ ئاسما كارىۋاتتا ياتاي دەپ تۇرۇۋىدى، توختىماي ئاڭلىنىۋاتقان قوڭغۇراق ئاۋازى ئۇنىڭغا بۈگۈن مېيىت ئۇزىتىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ قويدى. « ئۆكتەبىرمۇ كىرىپ قالدى» پولكوۋنىك ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلىغىنىچە ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا مېڭىۋېتىپ، توخۇ سوقۇشتۇرۇشقا سالىدىغان خورىزىنىڭ تېخىچە كارىۋاتنىڭ پۇتىغا باغلاقلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالدى.

    پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ قولىدىن قۇرۇقدالغان ئىستاكاننى ئېلىپ ئاشخانىغا ئەكىرىپ قويدى ۋە تۆر ئۆيگە كىرىپ ياغاچ ھەيكەل جاھازىسىغا قادالغان سائەتنىڭ پۇرژىنىنى چىڭىتىپ قويدى، ھۇجرا بەكلا تار بولۇپ، پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى نەپسى قىسىلىپ بەكلا قىيىنىلاتتى. ئەكىسچە تۆر ئۆ تولىمۇ ئازادە ئىدى. ئۆيگە ئۈستىگە داستىخان سېلىنغان، گەجدىن ياسالغان بىر مۈشۈك ھەيكىلى قويۇلغان بىر كىچىك شىرە قويۇلغان ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا چىۋىقتىن ياسالغان تكت تەۋرەنمە ئورۇندۇق بار ئىدى. ئاسما سائەتنىڭ ئۇدۇلدىكى تامغا بىر توپ ئالىقاپ يىگىتنىڭ ئارىسىدا بېشىغا نېپىز داكا ئارتقىنىچە لىق ئەتىرگۈل بېسىلغان كېمىدە تۇرغان بىر ئايالنىڭ رەسىمى چاپلانغانىدى.

    پولكوۋنىك سائەتنىڭ پۇرژىنىنى چىڭىتىپ بولغاندا، 7دىن 20 مىنۇت ئۆتكەىدى. ئۇ بىر ئازدىن كېيىن خورازنى ئاشخانا ئۆيگە ئەكىرىپ ئوچاقنىڭ يېنىغا باغلاپ قويدى. ئاندىن ئىدىشتىكى سۇنى يەڭگۈشلەپ، يېنىغا بىر باش كۆممىقۇناقنى قويۇپ قويدى. بىر توپ بالا ئۆرۈلەي دەپ قالغان رېشاتكىلار ئارىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ خورازنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ جىممىدە ئولتۇرۇشتى.

    -توخوغا ئۇنداق قاراۋەرمەڭلار،- دېدى پولكوۋنىك،- قاراۋېرىپ كۆزۈڭلار تەگمىسۇن يەنە.

    بالىلار ئۇنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلمىدى. بىر بالا يانچۇقىدىن ئېغىز گارمۇنىنى چىقىرىپ يېقىملىق بىر مودا ناخشىغا چېلىشقا باشلىدى.

-بۇ بىر نېمەڭنى بۈگۈن چالما،- دېدى پولكوۋنىك ئۇ بالىغا،- بازاردا بۈگۈن ئادەم ئۆلدى.

بالا ئېغىز گارمونىنى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدى. پولكوۋنىك كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ دەپنە مۇراسىمىغا بېرىش ئۈچۈن ئىچكىرىكى ئۆيگە ئەكىردى.

خوتۇنى ئاغرىپ قالغاچقا، پولكوۋنىكنىڭ دەپنە مۇراسىملىرىغا كىيىپ بارىدىغان ئاق كىيىمى دەزمالسىز قالغانىدى. پولكوۋنىك نائىلاج تويدىن كىيىن ئالاھىدە سورۇنلاردا كىيىپ كەلگەن سوكنا كىيىمىنى كىيمەكچى بولۇپ، ساندۇقتىن ئۇنى مىڭبىر مۇشەققەتتە تېپىپ چىقتى. كىيىم گېزىت بىلەن ئورالغان، كۈيە يەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئىچىگە نافتالىن سېلىنغانىدى. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى كارىۋاتتا ئۆلگۈچىنى خىيالىدىن چىقىرالماي ياتاتتى.

-ئۇ ئادەم بۇ چاغقا ئاۋگوستىن بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندۇ،- دېدى خوتۇنى،- ئۇ مەرھۇم ئوغلىمىز ئاۋگۇستىنغا بىزنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىمىزنى سۆزلەپ بەرمەس- ھە.

-ئۇلار شۇ تاپتا خورازنى دەپ جاڭجاللىشىۋاتامدۇ تېخى،- دېدى پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك ساندۇقتىن كونا، يوغان بىر كۈنلۈكنى تاپتى. بۇ كۈنلنك خوتۇنىغا پولكوۋنىكنىڭ پارتىيسى ئۈچۈن مەبلەغ توپلاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن چەك تارتىش پائالىيتىدە چىققانىدى. شۇ كۈنى كەچتە كىشىلەر دالا ئولتۇرۇشىغا قاتناشقانىدى. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ۋە سەككىز ياشلىق ئوغلى ئاۋگوستنمۇ بۇ ئولتۇرۇشقا قاتناشقانىدى. يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ، ئويۇن قويۇلىۋەردى. پولكوۋنىك خوتۇنى ۋە بالىسى بىلەن كۈنلۈكنىڭ دالدىسىدا ئويۇننى ئاخىرغىچە كۆرگەنىدى. مانا ئەمدى ئوغلى ئاۋگوستىن پانىي ئالامدەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان، پارقىراق كۈنلۈكمۇ مىتە چۈشۈپ ئۆتمىتۈشۈك بولۇپ كەتكەنىدى.

-خوتۇن، قاراڭلار ماۋۇ كۈنلۈكىمىزنىڭ ھالىغا،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەمدى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ساناشقىلا ئەسقاتقۇدەك.

پولكوۋنىك كۈلدى، ئەمما خوتۇنى كۈنلۈككە قاراپمۇ قويمىدى.

-ھەممە نەرسە شۇنداق،- دېدى پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلاپ،- بىز ئادەملەرمۇ ھايات تۇرۇپمۇ چىرىپ كېتىۋاتىمىزغۇ.

ئايال سۆزىنى تۈگىتىپ كۆزلىرىنى يۇمدى ۋە ئۆلگۈچى توغرىسىدىكى تەگسىز خىياللار قاينىمىغا غەرق بولدى.

      ئۆيدە ئەينەك بولمىغاچقا، پولكوۋنىك ساقاللىرىنى قولى بىلەن سىلاپ- سىيپاشتۇرۇپ تەستە ئېلىۋالدى، ئاندىن ئۈن- تىنسىز كىيىملىرىنى كىيدى. كونا كۆڭلىكىنىڭ مىس تۈگمىسىنى مەھكەم ئەتتى. پولكوۋنىك يالغان ياقىلىقى بەك كونىراپ كەتكەن بولغاچقا، گالىستۇك تاقىمىدى.

      پولكوۋنىك ھەرقانداق بىر ئىشنى كاتتا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندەك ھېسىياتتا ئورۇندايتتى. ئۇنىڭ پارقىراق، گۆشلۈك قوللىرىنىڭ ئۈستىنى بوينىغا ئوخشاشلا ھەرخىل داغ قاپلاپ كەتكەنىدى. ئۇ كالتە قونچلۇق ئۆتۈكىنى كىيىشتىن بۇرۇن، ئۆتۈكنىڭ چەمىگە چەمىگە چاپلاشقان لايلارنى قىرىۋەتتى. خوتۇنى ئېرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ توي كۈنىدىكىدەكلا ياسىنىۋالغانلىقىنى ھەم بەكلا قېرىپ كەتكەنلىكىنى شۇ چاغدىلا سەزدى.

     _ بىرەر چوڭ ئىشنى قىلىشقا بارامسىز نېمە؟- سورىدى خوتۇنى.

_ بۇ قېتىمقى مېيىت ئۇزىتىشمۇ چوڭ ئىش،- دېدى پولكوۋنىك،- ئۇ نۇرغۇن يىللاردىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەم بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ئادەم.

 يامغۇر سائەت 9 دىن ئاشقاندىراق توختىدى. پولكوۋنىك سىرتقا ماڭاي دەپ تۇرىۋىدى، خوتۇنى يېڭىدىن تارتتى:

_ چېچىڭىزنى تارىۋېلىڭ!

پولكوۋنىك كالا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان تارغاقتا چېچىنى ياتقۇزۇپ تېرىۋېلىش ئۈچۈن خېلى كۈچەپ باقتى. ئەمما ئۇرۇنۇشى بىكارغا كەتتى.

_ شاتۇتىغا ئوخشاپ قالغاندەك تۇرامدىم نېمە،- دېدى پولكوۋنىك.

خوتۇنى ئېرىنىڭ ئۈستىۋېشىغا ئىنچىكىلەپ قاراپ، شاتۇتىغا ئوخشىغۇدەك بىرەر يېرىنى تاپالمىدى. بۇ ئورۇق ئادەمنىڭ قاتتىق سۆڭەكلىرى گايكا ۋە بولتىلار بىلەن تۇتاشتۇرۇپ قويۇلغاندەكلا قىلاتتى.

_ ئەمدى ئوۈدان بولدى،- دېدى خوتۇنى ۋە پولكوۋنىك ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا يەنە قوشۇپ قويدى،- بىزنىڭ دوختۇرغا ياخشى قارىيالمىغان يېرىمىز بارمۇ، ئۆزىدىن سوراپ باقارسىز.

ئۇلارنىڭ ئۆگزىسى پالما يومۇرمىقىدا يېپىلغان، تاملىرىنىڭ ئاپئاق ھاكلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئۆيى كەنىتنىڭ بېشىدا ئىدى. يامغۇر توختىغانىدى، ئەمما ھاۋا يەنىلا نەمخۇش ئىدى. پولكوۋنىك ئىككى قاسنىقىغا زىچ ئۆي چۈشكەن تار كوچىنى بويلاپ مەيدان تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى، نەزىرى يىراققا تاشلاندى. بازارغا گۈللەر پەۋەس تىزىۋېتىلگەنىدى. ئۇچىسىغا قارا كىيىم كىيگەن ئاياللار مېيىت ئۇزاتقۇچىلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشاتتى.

پولكوۋنىك مەيدانغا كەلگەندە، يەنە سىم- سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. بىلىيارتخانا خوجايىنى ئىشىكى ئالداىدا پولكوۋنىكنى كۆرۈپ، قوللىرىنى كەڭ يايغىنىچە ۋارقىرىدى:

_ پولكوۋنىك، توختاپ تۇرۇڭ! سىزگە بىر كۈنلۈك بېرىپ تۇراي.

پولكوۋنىك كەينىگە قارىمايلا جاۋاب بەردى:

_ رەھمەت، مۇشۇ پېتى ماڭىۋېرەي.

مېيىت ئۇزاتقۇچىلار تېخى يولغا چىقمىغانىدى. ئەرلەر ئاق كۆڭلەك كىيىپ، قارا گالىستۇك تاقىغان، قوللىرىدا كۈنلۈك، ئىشىك ئالدىدا پاراڭ سېلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى پولكوۋنىكنى كۆرۈپ، مەيداندىكسۇ ئازگىلىدىن بىر تاقلاپلا ئۆتتى:

_ بۇ ياققا كېلىۋېلىڭ!- دېدى ئۇ ئۈنلۈك توۋلاپ ۋە كۈنلۈكنى پولكوۋنىك تەرەپكە سۇندى.

_ رەھمەت، ئىنىم،- دېدى پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك ئۇ ئادەمنىڭ تەكلىپىنى سىلىق رەت قىلىپ، ئۆلگۈچىنىڭ ئانىسىغا كۆڭۈل ئېيتىپ قويۇش نىيتىدە ئۇنىڭ ئىچىگە كىردى. ئىشىكتىن ھەرخىل گۈللەرنىڭ ھىدى پولكوۋنىكنىڭ دىمىغىغا ئۇرۇلدى. ئۇ شۇ زامات پۈتۈن بەدىنىنىڭ قىزىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى. پولكوۋنىك ئۆيدە تىقىلىپ تۇرغان ئادەملەر ئارىسىدىن ئۆتمەكچى بولۇپ تۇرۇۋىدى، كىمدۇر بىرى ئۇنى مۈرىسىدىن ئىتتەرگىنىچە چىرايىدىن تېڭىرقاش ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان ئادەملەر ئارىسىدىن ئۆتكۈزۈپ بۇرنى نوەايدەك يوغان جەسەتنىڭ يېنىغا ئېپىرىپ قويدى.

ئۆلگۈچىنىڭ ئانىسى مېيىت ساندۇقىنى چىۋىندىن قورۇپ ئولتۇراتتى. ئۇچىسىغا قارا كىيىم كىيگەن يەنە بىر نەچچە ئايال ئېقىن سۇنى تاماشا قىلىۋاتقاندەك بىر ھالەتتە بىر چەتتە مېيىتقا قاراپ تۇراتتى. توساتتىن ئۆينىڭ نېرىسىدا تۇرغان بىر ئادەمنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. پولكوۋنىك بىر ئايالنى ئىتتىرىپ يېنىچە ماڭغان پېتى مەرھۇمنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە بىر قولىنى مىڭ تەستە ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويدى.

-سىزدىن ھال سورايمەن،- دېدى پولكوۋنىك.

  مەرھۇمنىڭ ئانىسى ئارقىسىغا قارىماي پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى. پولكوۋنىك قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. يۈرەكنى ئېزىدىغان ھەسرەتلىك يىغا- زارە ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئادەملەر توپى تەرىپىدىن مېيىتنىڭ قېشىغا سۈرۈلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ يىقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن قوللىرىنى چىقاردى. تامنىڭ تۈۋىدىمۇ ئادەملەر سانجاق تۇرۇپ كەتكەچكە، تام ياقىلاپ مېڭىشقىمۇ ئامالسىز ئىدى. شۇ ئارىدا كىمدۇر بىرى تولىمۇ مۇلايىم ئاۋازدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا:

_ ئېھتىيات قىلىڭ، پولكوۋنىك!- دەپ شىۋىرلىدى.

پولكوۋنىك كەينىگە بۇرۇلۇپ، بۇ ئاۋازنىڭ مېيىتتىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدى، ئەمما ئۇنىڭ كىملىكىنى تونالمىدى. چۈنكى، مېيىتنىڭ ھەممە يېرى ئاپئاق رەخت بىلەن ئوالغان، قولىغا قىسقا كاناي تۇتقۇزۇلغانىدى. بەدىنى ئاللىبۇرۇن سوۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ، چىرايىدىن ھاياتلىق ئىزنالىرى ئۆچمىگەن، پولكوۋنىكقا ئوخشاش ھولۇقىۋاتقاندەك بىر خىل ئالامەت چىقىپ تۇراتتى. قۇلاقنى يارىدىغان يىغا- زار ئىچىدە دېمى سىقىلغان پولكوۋنىك ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش ئويىدا بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۈستى يېپىلغان مېيىت ساندۇقىنىڭ ئىشىك تەرەپكە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. كۆردىيۇ، پۈتۈن بەدىنىدىن پۇرۇلداپ تەر قۇرۇلۇپ، ئۈگە- ئۈگىلىرى سىرقىراپ ئاغرىپ كەتتى. بىر ئازدىن كېيىن سىمىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇر كۆزلىرىنى خىرەلەشتۈرگەندىن كىيىنلا پولكوۋنىك ئۆزىنىڭ كوچىغا چىقىپ قالغانلىقىنى چۈشەندى. شۇئان بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ:

_ بولۇڭ دەيمەن، تۇغقىنىم! سىزنى ساقلاۋاتقىنىمغا نەۋاخ!- دېدى.

پولكوۋنىك ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلىغا چوقۇندۇرغۇچ ئات ابولغان بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى دون سارۋاس ئىدى. پولكوۋنىك قاتناشقان پارتىينىڭ رەھبەرلىرى ئىچىدە مۇشۇ ئادەملا سىياسىي زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلۇپ، بازاردا بۈگۈنگىچە ياشاپ كېلىۋاتقانىدى.

رەھمەت، تۇغقىنىم،- پولكوۋنىك ئۆزىنى كۈنلۈكنىڭ دالدىسىغا ئالدى. ئىككىيلەن جىممىدە مېڭىشتى. ماتەم مۇزىكىسى ئورۇندالدى. پولكوۋنىك شۇ چاغدىلا بىر ئادەمنىڭ راستىنلا ئۆلگەنلىكىگە ئىشەندى.

-بىچارە!- پولكوۋنىك ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلىدى.

دون سارۋاس تامىقىنى قىرىپ قويدى.

پولكوۋنىك پاكارراق بولغاچقا، كۈنلۈكنىڭ تۇتقۇچىنى سول قولىدا بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ ماڭدى. مېيىت ئۇزاتقۇچىلار مەيداندىن كەتكەندىن كېيىن كىشىلەر يەنە پاراڭغا چۈشتى. شۇ چاغدا دون سارۋاس پولكوۋنىكقا غەمكىن قاراپ:

-تۇغقىنىم، خورىزىڭىزغا نېمە بولدىئ- دەپ سورىدى.

-يەنە شۇ بۇرۇنقى جايىيدا،- دېدى پولكوۋنىك.

شۇ ئەسنادا كىمدۇر بىرىنىڭ:

_ مېيىتنى نەگە ئاپىرىسىلەر؟- دەپ ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى.

پولكوۋنىك نەزىرىنى يىراققا يۆتكەپ، بازار باشلىقىنىڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ بالكونىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغاندەك ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆردى. بازار باشلىقى ئۇچىسىغا فلانېل چاپان، قىسقا ئىشتان كىيگەن، يۈزىن ساقال بېسىپ كەتكەنىدى. ماتەم مۇزىكىسى ئاياغلىشىپ بىر ئازدىن كېيىن پولكوۋنىك پوپ ئانخېلنىڭ بازار باشلىقى بىلەن قانداقتۇر بىر نەرسە ئۈستىدە قىزىشىپ سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. پولكوۋنىك ئۇلارنىڭ قىلىشىۋاتقان پارىڭىنى ئېنىق ئاڭلىدى.

– نېمە ئىش بوپتۇ؟- سورىدى دون سارۋاس.

-ھېچ ئىش يوق،- دېدى پولكوۋنىك،- مېيىتنى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ مېڭىشقا بولمايدۇ، دېيىشىۋاتىدىغۇ.

-ئاپلا، ماۋۇ ئۇنتۇغاقلىقىمنى!- دون سارۋاس ۋارقىرىۋەتتى،- مەن ھەمىشە ھەربىي ھالەتتە تۇرىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمەن.

-لېكىن، بۈگۈنكىسى زوراۋانلىق ھەرىكەت ئەمەستە!- دېدى پولكوۋنىك،- ئۇلار بىر بىچارە مۇزىكانىتنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىپ مېڭىۋاتقان تۇرسا .

      مېيىت ئۇزاتقۇچىلار باشقا بىر يولغا كردى. نامراتلار رويونىدا ئاياللار جىددىيلىك ئىچىدە مۋيىت ئۇزاتقۇچىلارغا جىممىدە قاراپ تۇراتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ئاياللار خۇددى مېيىت ساندۇقى ئىچىدىك ئۆلۈك ئۆزلىرىنىڭ گەپ- سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايدىغاندەك چوڭ كوچىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، مەرھۇمغا مەدھىيە ئوقۇشقا ۋە ۋىدالىشىش سۆزلىرىنى قىلىشقا باشلىدى. قەبرىستانلىققا كەلگەندە پولكوۋنىكنىڭ مىجەزى بىردىنلا ئۆزگىرىپ قالدى. دون ساۋراس مېيىت كۆتۈرگۈچىلەرنى ئۆتۈۋالسۇن دېگەن ئويدا پولكوۋنىكنى تام تەرەپكىرەك ئىتتەردى ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ پولكوۋنىكقا كۈلۈمسىرەپ قارىدى. پولكوۋنىكنىڭ تەلەتى بەك سۆرۈنلىشىپ كەتكەنىدى.

-سىزگە نېمە بولدى، تۇغقىنىم؟- سورىدى دون سارۋاس پولكوۋنىكتىن.

پولكوۋنىك ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ:

-ئۆكتەبىر كىرىپ قالدى ئەمەسمۇ، تۇغقىنىم،- دېدى.

ئۇلار كەلگەن يولى بىلەن قايتتى. يامغۇرنىڭ توختىغىنىغا خېلى بولغان، شېشىدەك سۈزۈك ئاسمان كىشىگە بەكلا ئىگىزلەپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرەتتى.

« ئەمدى يامغۇر ياغماس» ئويلىدى پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك خېلى راھەتلىنىپ قالغان بولسىمۇ، چۇڭقۇر خىيالدىن قۇتۇلالمىغانىدى.دون سارۋاس ئۇنىڭ خىيالىنى ئۈزۈۋەتتى:

-تۇغقىنىم، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقسىڭىز بولغۇدەك جۇمۇ!

-ھېچقانداق كېسىلىم يوق،- دېدى پولكوۋنىك،- بىراق، ئۆكتەبىر كىرسىلا ماڭا قورسىقىمدا بىر نەرسە مىدىرلاۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.

ھە!- دون سارۋاس ھەيرانلىق ئىلكىدە توۋلىۋەتتى. پولكوۋنىك دون سارۋاسنىڭ تۆمۈر دېرىزە ئورنىتىلغان ئىككى قەۋەتلىك يېڭى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ يولىغا راۋان بولدى. قارىلىق كىيىمى كىيمىگىنى ئۈچۈن پولكوۋنىكنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم ئىدى. بىر ئازدىن كېيىن پولكوۋنىك ئۆيىدىن چىقىپ، كوچىدىكى بىر ماگزىندىن ئۆزلىرىگە بىر قۇتا قەھۋە خورىزىغا يېرىم قاداق كۆممىقۇناق ئالدى.

      پەيشەنبە كۈنى، ئاسما كارىۋاتتا يېتىپ ئوبدان ئارام ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن پولكوۋنىك خورىزىغا قاراشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە پۈتۈن بىر كۈن تىنىم تاپمىدى. يېقىندىن بېرى يامغۇر توختىماي يېغىۋاتاتتى. بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە پولكوۋنىك ئۆزىنى پۈتۈن ئىچ قارنى چۇۋۇلۇپ كەتكەندەك بىر ھېسىياتتا سەزدى. خوتۇنىنىڭ تىنىمسىز ھاسىراپ يېتىشىدىن ككڭلى غەش بولۇپ بىر نەچچە كېچە كىرپىك قاقماي چىقتى. بىراق ئۆكتەبىرنىڭ مەلۇم بىر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن خوتۇننىڭ ھاسىرشىنىڭ بىر مەزگىللىك بولسىمۇ توختاپ قالدى. ئاۋگوسىتنىڭ دوسلىرى(بۇ بالىلارمۇ پولكوۋنىكنىڭ ئوغلىغا ئوىشاش ماشىنىچىلىق دۇكىنىدا ھۈنەر ئۆگىنىدىغان، توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەستانىلىرى ئىدى) بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خورازنىڭ توىو سوقۇشتۇرۇش مەيدانىغا چۈشكۈدەك ھالى بار – يوقلۇقىنى كۆرگىلى كەلدى. خورازنىڭ مەيدانىغا چۈشكۈدەك ھالى بار ئىدى.

      ئۆيدە خوتۇنى بىلەن ئۆزىلا قاغاندا پولكوۋنىك ھۇجرسىغا قايتىپ كىردى. خوتۇنى ئەسلىگە كېلىپ قالغانىدى.

  -ئۇلار نېمە دەيدۇ؟- سورىدى خوتۇنى.

-ئۇلار بۇ ئۇيۇنغا بەكلا قىزىقىپ قاپتۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- ھەممىسى سىقىپ، تىجەپ يۈرۈپ خورىزىمىزغا پۇل تىكىپتۇ.

– ھېچ بىلمىدىم، بۇ ئەبگار خورازنىڭ ئۇلارغا نەرى ياراپ قالدىكىن تاڭ،- دېدى خوتۇنى،- مېنىڭ كۆزۈمگىغۇ ئۇ غەلىتە مەخلۇقتەكلا كۆرۈنىدۇ. پاچىقىغا قارىغاندا بېشى بەك كىچىك.

-ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئۆلكە بويىچە ئەڭ ياخشى خوراز ئىكەن،- دېدى پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ گېپىگە قارشى چىقىپ،- تەخمىنەن ئەللىك پىسۇغا يارىغۇدەك.

بۇ خوراز ئوغلىدىن قالغان مىراس ئىدى. ئوغلى يەر ئاستى ۋەرەقىلىرىنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭدىن توققۇز ئاي بۇرۇن توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىدا قاتتىق تاياق يەپ ئۆلۈپ كەتكەنىدى.

– بەڭگىنىڭ خىيالىنى قىلىپ يۈرگىنىنى ماۋۇ ئادەمنىڭ. بۇ خوراز شۇنچە جىق پۇلغا يارامتى؟- دېدى خوتۇنى،- كۆممىقۇناقلارنى يەپ بولغاندىن كېيىن خورازنى ئۆزىمىزنىڭ جىگىرىنى بېرىپ باقارمىزمىكىن تېخى.

پولكوۋنىك كىيىم ئىشكابىدىن يوللۇق ئىشتىنىنى ئىزدەۋېتىپ، ئۆزىنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالدى.

– بىر نەچچە ئايلا قالدى،- دېدى پولكوۋنىك،- بىرىنچى ئايدا توخۇ سوقۇشتۇرۇلىدىكەن، شۇ چاغدا خورىزىمىز تېخىمۇ جىق پۇلغا يارىشى مۇمكىن.

خوتۇنى پولكوۋنىكنىڭ ئىشتىنىغا چوغ دەزمالدا قاتۇرۇپ دەزمال سالدى.

-كوچىغا چىقىشقا نېمانچە ئالدىرايسىز؟- سورىدى خوتۇنى.

-پوچتىخانىغا بارىمەن.

– ھە راسىت، بۈگۈن جۈمە كۈنى-ھە،- خوتۇنى ھۇجرىغا قايتىپ كىرىۋېتىپ شۇنداق دېدى. پولكوۋنىك چاپىنىنى كىيىپ، ئىشتىنىنى كىيىشكە تېخى ئۈلگۈرمىگەنىدى. خوتۇنى ئۇنىڭ ئۆتۈكىگە قاراپ قويدى.

-ئۆتۈكىڭىز تاشلىۋېتىدىغان يەرگە يېتىپتۇ،- دېدى خوتۇنى،- بۇنى كىيمەي قىسقا قونچلۇقىنى كىيسىڭىزچۇ؟

پولكوۋنىكنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولدى.

-بۇ ئۆتۈك يېتىم بالىلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- ئۇنى ھەر قېتىم كىيسەم، ئۆزۈمنى دارىلئېتامدىن قېچىپ چىققاندەكلا سېزىمەن.

-بىزمۇ ئوغلىدىن ئديرىلىپ قالغان كۆڭلى سۇنۇق ئاتا- ئانىلارغۇ،- دېدى خوتۇنى.

بۇ قېتىم ئۇ ئېرىنى يەنە قايىل قىلدى. پولكوۋنىك پاراخوتنىڭ گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلانماستىنلا پۇتىغا قىسقا قونچلۇق ئۆتۈك، ئۇچىسىغا مىس تۈگمىسى مەھكەم ئېتىلگەن ياقىسىز كۆڭلەك ۋە  ئاسمىسى يوق ئاق ئىشتان كىيىپ پورت تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ كەتتى. سەككىز سائەتنى قىمىر قىلماي ئۆتكۈزگەن يولوچىلار ھارغىن ھالەتتە پاراخوتتىن چۈشۈۋاتاتتى. بۇنداق چاغدىكى يولۇچىلار كۆپىنچە ئۇششاق تىجارەتچىلەر ۋە ئالدىنقى ھەپتە ساياھەتكە چىقىپ كەتكەن بازارلىقلار بولاتتى.

ئەڭ ئاخىرىدا پوچتا پاراخوتى كەلدى. پولكوۋنىك قىرغاققا يېقىنلىشىۋاتقان پاراخوتقا بىر خىل تەشۋىش ئىلكىدە قاراۋېتىپ، گاز چىقىرىش تۇرۇببىسىغا باغلانغان، ئۈستىگە بېرزېنت ئارتىلغان خەت خالتىلىرىنى كۆردى. ئون بەش يىللىق كۈتۈش پولكوۋنىكنىڭ بىۋاستە كۆزىتىش سەزگۈلىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىۋەتكەنىدى. بۇنى ئاز دەپ ھېلىقى خورىزى ئۇنى تېخىمۇ يۈرەكئالدى قىلىۋەتكەنىدى. پوچتىكەش پاراخوتقا چىقىپ، خەت خالتىلىرىنى يېشىپ مۈرىسىگە ئارتقاندا، پولكوۋنىك ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى.

پولكوۋنىك پورتقا يانداش چوڭ يولنى بويلاپ پوچتىكەشنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سىرلىق قەسىرنى ئەسلىتىدىغان دۇكانلار ۋە مال سارايلىرىغا كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان ھەرخىل ماللار پەۋەس تىزىۋېتىلگەنىدى. پولكوۋنىك ھەرقېتىم پوچتىكەشكە ئەگىشىپ مۇشۇ يەردىن ئۆتكەندە بىر خىل ئارامسىزلىق ئىلكىدە قالاتتى. بۇ خىل ھېسىيات قورقۇنچقا ئوخشىسىمۇ، ئۇنى ئوبدانلا جىددىيلەشتۈرۈپ قوياتتى. دوختۇر پوچتىخانىدا گېزىتلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغانىدى.

– دوختۇر، خوتۇنۇم سىزدىن بىر ئىشنى سوراپ بېقىڭ دېگەن، سىزگە ئوبدان قارىيالمىغان يېرىمىز بارمۇ، قانداق،- دېدى پولكوۋنىك.

دوختۇر بۇجۇغۇر چاچلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان، چىشلىرى ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە رەتلىك جايلاشقان ياش ئادەم ئىدى. ئۇ پولكوۋنىكتىن خوتۇنىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى. پولكوۋنىك ھەربىر خەت ساندۇقىغا خەت ئايرىۋاتقان پوچتىكەشتىن كۆزىنى ئۈزمەي، دوختۇرغا خوتۇنىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئېيتىپ بەردى. پوچتىكەشنىڭ خەتنى ئايرىۋاتقان چاغدىكى مىس- مىس ھالىتى پولكوۋنىكنىڭ بەكلا جېنىغا تېگەتتى.

دوختۇرغا بىر نەچچە پارچە خەت، بىر تۇتام گېزىت كەلگەنىدى. ئۇ گېزىتتىكى پەن- تېخنىكا تەشۋىق قىلىنغان قىسقا خەۋەرلەرنى ئوقۇماي، باشقا ئىستونلارغا ئالدىراپ كۆز يۈگۈرتتى. پوچتىكەش كۈتۈپ ئولتۇرغانلارغا پوسۇلكىلىرىنى تارقىتىشقا باشلىدى. پولكوۋنىك ئىسمىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى يېزىلغان خەت ساندۇقىغا قاراپ تۇراتتى. كۆك تاشلىق بىر پارچە ئاۋىئاتسىيە خېتى ئۇنى بەكلا جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنىدى.

دوختۇر گېزىت سېلىنغان كونۋېرتنىڭ ماركىسىنى يىرتىۋېلىپ، دەرھال كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان خەۋەرلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى. ئۆزىنىڭ خەت ساندۇقىدىن كۆز ئۈزمەي تۇرغان پولكوۋنىك پوچتىكەشنىڭ خەت ساندۇقىنىڭ ئالدىدا توختىشىنى شۇنچىلىك كۈتكەنىدى. ئەمما پوچتىكەش كېتىپ قالدى. دوختۇر گېزىتتىن كۆزىنى ئۈزۈپ پولكوۋنىكقا قارىدى، ئاندىن نەزىرىنى تېلگىراف ئاپپاراتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان پوچتىكەشكە يۆتكەپ يەنە پولكوۋنىكقا لاپپىدە قاراپ قويدى- دە:

– ماڭايلى!- دېدى.

– پولكوۋنىكقا ھېچنىە كەلمەپتۇ،- دېدى پوچتىكەش بېشىنى كۆتۈرمەي.

پولكوۋنىك قاتتىق خىجىل بولدى.

– مەنمۇ ھېچنىمە كۈتمىگەنىدىم،- پولكوۋنىك كۆڭلىدىكىنى يوشۇرۇپ كەينىگە بۇرۇلدى ۋە بالىلارچە ساددا بىر نەزەر بىلەن دوختۇرغا يالتتىدە قارىدى،- ئىشقىلىپ ماڭا ھېچكىم خەت يازمايدۇ.

ئۇلار بىر ئېغىز گەپ قىلىشماي قايتىشتى.دوختۇر پۈتۈن زېھنى بىلەن گېزىت ئوقۇغاچ مېڭىۋاتاتتى. پولكوۋنىك بولسا ئادىتى بويىچە بىر نەرسىسىنى يىتتۈرۈپ قويغان ئادەمدەك يەردىن ئۈستۈن قارىماي كېتىۋاتاتتى. بۇ كۆز باغلانغانغا يېقىن بىر مەھەل بولۇپ، ھاۋا بەكلا ئوچۇق ئىدى. مەيداندىكى  ئۆرۈك دەرەخلىرىنىڭ قۇرۇپ قالغان ئاخىرقى بىر نەچچە تال يۇپۇرمىقى شاخلىرىدىن ئاجراپ چۈشۈۋاتاتتى. ئۇلار ئامبۇلاتورىينىڭ ئىشىكىگە كەلگەندە، ئەتراپقا تۈن پەردىسى يېيىلدى.

– بىرەر خەۋەر بارمۇ؟- سورىدى پولكوۋنىك.

دوختۇر ئۇنىڭغا بىر نەچچە پارچە گېزىتنى بېرىۋېتىپ جاۋاب بەردى:

-ئۇقمىدىم. بۇ گېزىتكە چىقىۋاتقان خەۋەرلەردىن بىرەر ئۇچۇرنى ئىگىلىمەك تەس جۇمۇ.

-پولكوۋنىك كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ماۋزۇلارغا كۆز يۈگۈرتتى. خەلقئارا خەۋەرلەر بېتىنىڭ تۆتىنچى ئىستونىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىگە سۇۋەيىش قانىلىنىڭ ئىگىدارچىلىق مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەۋەر بېسىلغانىدى. گېزىتنىڭ بىرىنچى بېتى قايسىبىر دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ تىزىملىكى بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى.

– سايلىنىشتىن ئۈمىد قالماپتۇ،- دېدى پولكوۋنىك.

– ساددىلىق قىلماڭ، پولكوۋنىك!- دېدى دوختۇر،- بىز ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس، بىرەر نىجاتكار بىزنى قۇتقۇزۇۋالارمىكىن دەپ ئۈمىدلىنىپ يۈرىۋەرمەيلى.

پولكوۋنىك گېزىتنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋىدى، دوختۇر زادى ئالغىلى ئۇنىمىدى.

– ئۆيڭىزگە ئېلىپ كېتىڭ،- دېدى دوختۇر،- كەچتە ئوقۇپ ئەتىلەردىن قايتۇرۇپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ۋاقىت يەتتىدىن سەل ئكتكەنىدى. قوڭغۇراق راۋىقىدا فىلىم ھەققىدە تەقرىزدىن ئۇچۇر بېرىدىغان قوڭغۇراق ساداسى ئاڭلاندى. پوپ ئانفېل پوچتىخانىدىن ھەر ئايدا ئېلىپ كېلىنىدىغان فىلىملارنىڭ ئىسىملىكىگە ئاساسەن قوڭغۇراق چېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەربىر فىلىمغا ئەخلاق نوقتىسىدىن بېرىلگەن باھانى بازاردىكىلەرگە تونۇشتۇراتتى. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى قوڭغۇراق ئاۋازىنى ساناپ ئولتۇراتتى. قوڭغۇراق يىگىرمە قېتىم چېلىندى.

– ھېچقانداق فىلىم يارىمايدىغۇ بۇ خەققە،- دېدى ئايال،- بىر يىل بولۇپ قالدى، بىرەر فىلىمنىڭ يارىغىنىنى بىلمىدىم بۇلارغا.

– بۇ دۇنيا چىرىكلىشىپ تۈگىشىپ كەتتىغۇ،- ئايال پاشىلىقنى چۈشۈرۈۋېتىپ غۇدۇرىدى.

پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ گېپىگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى. يېتىشتىن بۇرۇن خورازنى كارىۋاتنىڭ پۇتىغا باغلاپ قويدى. ئاندىن دەرۋازىنى ئېتىپ كىرىپ، ھۇجرىغا چىۋىن- پاشىلارنى ئۆلتۈرىدىغان دورا پۈركۈپ، لامپىنى يەرگە قويدى ۋە ئاسما كارىۋىتىغا چىقىپ گېزىت كۆرۈشكە باشلىدى.

پولكوۋنىك گېزىتنىڭ ھەممە بېتىنى ئۆز تەرتىپى بىلەن ئالا قويماي ئوقۇۋاتاتتى. سائەت ئون بىر بولغاندا كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش پۇشتىكى چېلىندى. پولكوۋنىك يېرىم سائەتلەردىن كېيىن گېزىتنى كۆرۈپ بولدى ۋە قورۇنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قارا سىياھتەك كېچە قاراڭغۇلىقىدا بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن بىر ئاچا تۆۋرۈككە قارىتىپ سىيدى، شۇ ھامان ئۇزۇن پۇتلۇق پاشىلار ئۇنىڭغا غۇژژىدە يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. پولكوۋنىك ھۇجرىغا قايتىپ كىرگەندە خوتۇنى تېخى ئۇخلىمىغانىدى.

– ئۆزىڭىزگە ئوخشاش كونا ھەربىيلەر توغرۇلۇق گېزىتكە بىر نەرسە بېسىلماپتىمۇ؟- سورىدى خوتۇنى.

-ھېچنىمە بېسىلماپتۇ،- پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرگەندىن كېيىن چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئاسما كارىۋىتىغا چىقتى،- بۇرۇنلاردا ھېچبولمىسا ھەربىي سەپتىن قايتقانلىق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ تىزىملىكى بولسىمۇ بېسىلىپ تۇراتتى. بەش يىل بولۇپ قالدى، گېزىتتە بىز توغرۇلۇق ھېچنىمە بېسىلمايدىغان بولۇپ كەتتى.

      تۈن نىسپىدىن كېيىن يەنە يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ئەمدىلا شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن پولكوۋنىك قورسىقىنىڭ قاتتىق ئاغرىشىدىن ئويغىنىپ كەتتى. ئۆينىڭ بىر يېرىدىن يامغۇر ئۆتۈۋاتاتتى. پولكوۋنىك ئەدىيالغا ئورىنىپ، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يامغۇر ئۆتۈۋاتقان يەرنى تاپماقچى بولدى. سوغۇق تەر تامچىلىرى ئۇنىڭ غولىنى بويلاپ تۆۋەنگە سىرغىيتى. قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغان پولكوۋنىك ئۆزىنى يار يىلىم كۆيىۋاتقان كۆلچەكتە تۇرىۋاتقاندەك، سانسىز چەمبەرلەر ھاسىل بولغان سۇ يۈزىدە لەيلەپ كېتىۋاتقاندەك سەزدى. شۇ ئارىدا كىمدۇر بىرى گەپ قىلغاندەك بىلىندى. پولكوۋنىك ئىنقىلاب قىلغان دەۋرىدە ئىشلەتكەن كارىۋىتىدا يېتىپ ئۇ ئادەم بىلەن پاراڭلاشتى.

– كىم بىلەن گەپلىشىۋاتىسىز؟- سورىدى خوتۇنى

– بىر ئەنگىلىيلىك بىلەن. ئۇ ئىلگىرى پولكوۋنىك ئورېلىئانو بۇئېندىيەنىڭ ھەربىي لاگېرىدا يولۋاس سىياقىدا پەيدا بولغانىدى،- پۈتۈن بەدىنى ئوتتەك قىزىپ كەتكەن پولكوۋنىك ئۆرۈلۈپ دۈم بولدى،- كېنەز مالبورو شۇ.

ئەتىگىنى پولكوۋنىك ھارغىنلىق، بىسەرەمجانلىق ئىلكىدە ئويغاندى. ئىككىنچى قېتىملىق ئىبادەتكە قوڭغۇراق چېلىنغاندا، ئاسما كارىۋىتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ يەنە ئاشۇ پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتۇلالمىدى، كاللىسىنى سۇ يۈزىدىكى ئاشۇ چەمبىرەكلەر ئارىسىدا ئايلىنىۋاتقاندەك سەزدى. ئاخىر كۆڭلى ئېلىشىپ تۇرغان پولكوۋنىك ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىقتى، ئاندىن ئۇششاق ھاشارەتلەرنىڭ چىرىلداشلىرى ئىچىدە يامغۇرنىڭ نەمخۇش ھىدىنى پۇرىغىنىچە ھاجەتخانا تەرەپكە ماڭدى. ياغاچ شال بىلەن توسۇلۇپ ئۆگزىسى سېنىك نەركە بىلەن يېپىلغان ھاجەتخانىنىڭ ئورىكىدىن چىقىۋاتقان سېسىق پۇراق ھاۋانى بۆلەكچىلا قىلىۋەتكەنىدى. پولكوۋنىك ئورەكنىڭ قاپقىقىنى ئېچىشىغا ئىچىدىن بىر توپ روچىۋىن غۇژۇلداپ چىقتى.

ئورۇنسىز ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغان پولكوۋنىك سۈرتۈلمىگەن شال ئۈستىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا، قەلبى چۈشىنىكسىز بىر خىل بىسەرەمجانلىق ئىلكىدە قالدى، بۇ خىل ھېسىياتتىن ئاشقازىنىنىڭ مۇجۇپ ئاغرىشىنى ئۇنتۇپ كەتتى.

-ھەر قېتىملا شۇنداق،- پولكوۋنىك ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلىدى،- ئۆكتەبىر كىرسىلا مۇشۇنداق بولۇپ قالىمەن.

پولكوۋنىك ئاغرىقلىرى بېسىلغاندىن كېيىنلا خورىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ھۇجرسىغا قايتىپ كىردى.

     -كېچىچە قىزىپ سۆزلەپ چىقتىڭىز،- دېدى خوتۇنى.

     بىر ھەپتە قاتتىق ئاغرىپ ئەمدى ئەسلىگە كېلىپ قالغان ئايالى ئۆي يىغىشتۇرىۋاتاتتى. پولكوۋنىك ئاخشامقى ئىشلارنى ئەسلەشكە تىرىشىپ باقتى.

-قىزىمىدىم،- دېدى ئۇ خوتۇنىنى ئالداپ،- ئۆمۈچۈك تورىنى چۈشەۋېتىپ گەپ قىلغان بولسام كېرەك.

خوتۇنى بۇ قېتىممۇ كېسەلدىن قوپۇپ خېلى روھلۇق بولۇپ قالغانىدى. ئۇ چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىنى ئۆينى ئوڭتەي- توڭتەي قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى. ئاسما سائەت بىلەن نازنىننىڭ رەسىمىگىلا قول تەگكۈزمىدى. قورايدەك ئورۇق، ئەمما ھەرىكىتى چەبدەس بۇ ئايال پۇتىغا ساپما كەشنى، ئۇچىسىغا تۈگمىلىرى  مەھكەم ئېتىلگەن قارا كىيىمنى كىيىپ ماڭغاندا، كىشىگە ھېلىلا تامنى تېشىپ ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.كېسەل ياتقان ۋاقىتلىرىدا بەئەينى  ئىسكىلىتكىلا ئوخشاپ قالاتتى. ئۇ ئەمدىلىكتە كۈزلۈك تاشئالما تىكىلگەن گۈل تەشتەكلىرى ئارىسىدا پايپېتەك بولۇشقا باشلىدى.

ـ ئاۋگوستىن ھايات بولغان بولسا، مەن ناخشا ئېيتىپ بېرەتتىم،- دېدى ئۇ قازاندىكى يېمەكلىكنى ئىلەشتۈرىۋېتىپ.

-ناخشا ئېيتقۇڭىز كەلسە ئېيتىڭ،- دېدى پولكوۋنىك،- غەم باسقان چاغلاردا ناخشا ئېيىتسا ئادەمنىڭ كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن دوختۇر كەلدى. پولكوۋنىك خوتۇنى بىلەن ئاشخانىدا قەھۋە ئىچىپ ئولتۇراتتى. دوختۇر دەرۋازىنى ئېچىپ ۋارقىرىدى:

ـ بىمارلارنىڭ ھەممسى ئۆلدى.

پولكوۋنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ دوختۇرنىڭ ئالدىغا چىقتى.

ـ توغرا ئېيىتتىڭىز، دوختۇر،- دېدى ئۇ تۆر ئۆي تەرەپكە مېڭىۋېتىپ،- مەن دائىم ئيېتىمەنغۇ، سائىتىڭىز تازقارانىڭ سائىتى بىلەن تەڭ ماڭىدىكەن دەپ.①

پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى بەدىنىنى تەكشۈرتۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش ئۈچۈن ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى. دوختۇر بىلەن پولكوۋنىك تۆر ئۆيدە قالدى. ھاۋا شۇنچە دىمىق بولسىمۇ، دوختۇرنىڭ كاناپ رەخىتتىن تىكىلگەن پاكىز كىيمىدىن نەمخۇش، سالقىن بىر ھىد كېلەتتى. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى تەييارلىقىنىڭ پۈتكەنلىكىنى ئېيىتقاندا، دوختۇر بىر كونۋېرتتىكى ئۈچ قىسقا خەۋەر بېسىلغان قەغەزنى پولكوۋنىكقا بەردى ۋە ھۇجرىغا كىرىپ كېتىۋېتىپ:

-بۇنىڭدا تۈنۈگۈنكى گېزىتتە تىلغا ئېلىنمىغان خەۋەرلەر بار ئىكەن،- دېدى.

پولكوۋنىك بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى  دەرھال پەملىدى. شاپىگرافتا بېسىلغان، دۆلەتنىڭ يېقىندىن بۇيانقى چوڭ ئىشلىرى تىلغا ئېلىنغان بۇ ئۇنىۋېرسال ماتىريال قولدىن- قولغا مەخپىي ئۆتۈپ كېلىۋاتاتتى. ماتىريالغا ئىچكى قوراللىق توقۇنۇشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى يېزىلغان بولسىمۇ، پولكوۋنىك ئۇنىڭغا پەقەتلا قىزىقمىدى. چۈنكى، يەر ئاستى ئاخباراتلىرى كىشىلەرگە بارغانسىرى ئەنسىزلىشىپ كېتىۋاتقان جاھان توغرۇلۇق ھېچقانداق ئۇچۇر بېرەلمەيتتى. پولكوۋنىك ماتىريالنى تولۇق كۆرۈپ بولغاندا، دوختۇر تۆر ئۆتگە قايتىپ چىقتى.

ـ خوتۇنىڭىزنىڭ سالامەتلىكى مېنىڭكىدىنمۇ ياخشىكەن،- دېدى دوختۇر،-ناۋادا مەنمۇ خوتۇنىڭىزدەك زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسام، يۈز ياشقىچە ياشاشنىڭ تەييارلىقىنى كۆرۈپ بولغان بولار ئىدىم.

پولكوۋنىك ھەسىرەت ئىچىدە دوختۇرغا يالىتتىدە قاراپ قويۇپ، كونۋېرتنى ئۈندىمەي قايتۇرۇپ بەردى. ئەمما، دوختۇر ئالغىلى ئۇنىمىدى.

-باشقىلارغا كۆرگىلى بېرىڭ!- دېدى دوختۇر شىۋىرلاپ دېەۈدەك.

پولكوۋنىك كونۋېرتنى ئىشتىنىڭ يانچۇقىغا سالدى. شۇ .ەسنادا خوتۇنى ھۇجرىدىن چىقىپ:ل

ـ دوختۇر، بىر كۈنلەردە ئۆلۈپ- تارتىپ قالسام، دوزاخقا سىزنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتىمەن جۇمۇ،- دېدى.

دوختۇر جاۋاب ئورنىدا سەدەپتەك ئاپئاق، رەتلىك چىشلىرىنى كۆرسىتىپ جىممىدە كۈلۈپ قويدى، بىر ئورۇندۇقنى سۈرۈپ ئەكىلىپ كىچىك شىرەنىڭ ئۇدۇلىغا قويدى ۋە ساندۇقىدىن بىر نەچچە قۇتا ھەقسىز دورا ئالدى. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ئۇنىڭ يېنىدىن ئاشخانىغا ئۆتتى.

ـ سەل تەخىر قىلىڭ، سىزگە قەھۋە ئىسىتىپ ئەكىرەي.

ـ بولدى، ھاجىتى يوق، رەھمەت،- دېدى دوختۇر رېتىسىپقا دورا يېزىۋېتىپ،- ماڭا زەھەر بېرىۋەتسىڭىز قانداق قىلىمەن.

پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ئاشخانىدا تۇرۇپ كۈلدى. دوختۇر يازغان رېتىسىپنى ئۈنلۈك ئوقۇدى. چۈنكى، ئۇنىڭ يازغان نەرسىسىنى ھېچكىم ئوقۇيالمايتتى. پولكوۋنىك دىققىتىنى بىر يەرگە يىغىشقا تىرىشىۋاتاتتى. شۇ چاغدا خوتۇنى ئاشخانىدىن چىقىپ ئېرىنىڭ چىرايىنىڭ تۆنۈگۈنكىدەكلا سۇلغۇنلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

ـ ئۇ ئەتىگەندىلا قىزىپ قالدى،- دېدى ئۇ دوختۇرغا ئېرىنى كۆرسىتىپ،- ئىچكى ئۇرۇش توغرىسىدا ئىككى سائەتتەك جۆيلىدىغۇ دەيمەن.

پولكوۋنىك چۆچۈپ كەتتى.

ـ قىزىمىدىم،- پولكوۋنىك ئۆزىگە كىلىپ گېپىدە چىڭ تۇردى،- بۇنىڭدىن بشقا،- ئۇ يەنە قوشۇپ قويدى،- كۈنلەرنىڭ بىرىدە پەقەتلا بولالماي قالسام، ھېچكىمگە ئاۋارىگەرچىلىك كەلتۈرمەي ئەخلەت ساندۇقىدا جىممىدە يېتىپ قالامدىمەنمىكىن دەيمەن.

پولكوۋنىك گېزىتنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى.

ـ كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت،- دېدى دوختۇر.

ئۇلار مەيدان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ھاۋا شۇنچىلىك ئىسسىق، ئاسفالىت يوللار ئېرىپ مىچىلداشقا باشلىغانىدى. پولكوۋنىك دوختۇر بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا، چىشىنى چىشلەپ ئاستاغىنا:

ـ سىزگە قانچىلىك قەرز بولدۇم، دوختۇر،- دەپ سورىدى.

ـ بۇنى ھازىرچە دېيىشمەيلى،- دېدى دوختۇر ۋە مۈرىسىگە يېنىك شاپىلاقلاپ قويدى،-توخۇ سوقۇشتۇرۇشتا ئۇتقان چېغىڭىزدا، سىزدىن بىر مۇنچە پۇل ئۈندۈرىۋالىمەن تېخى.

پولكوۋنىك ماشىنچىخانىغا بېرىپ ئاۋگوستنىڭ دوستلىرىغا ھېلىقى مەخپىي خەتنى بەردى. سەپداشلىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن ياكى بازاردىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ماشىنچىخانا پولكوۋنىكنىڭ بىردىنبىر پاناھلىنىدىغان جايى بولۇپ قالغانىدى. ئۇمۇ شۇنداق غېرىب، بىچارە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانىدى. ھەر جۈمە كۈنى ئۆزىگە خەت كېلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ قىلىدىغان باشقا ئىشى يوق ئىدى.

چۈشتىن كېيىنكى دىمىق ھاۋادا پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى يەنە روھلىنىپ قالدى. ئايال كارىدوردىكى تاش ئالمىلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ئولتۇردى ۋە ئەسكى- تۈسكى كىيىملەر قاچىلانغان يەشىكنى يېنىغا قويۇپ، يەنە ئۆزى دائىم ھەلەك بولىدىغان مۆجىزە خاراكتىرلىق ئىشى- ئەسكى – تۈسكى لاتىلارنى قۇراشتۇرۇپ يېڭى كىيىم قىلشقا تۇتۇندى. ئەسكى چاپاننىڭ يېڭىنى ياقىغا، غول تەرەپكە كېلىدىغان رەخىتنى يەڭگە ئالماشتۇردى، ھەتتا ئالا- بۇلىماچ قۇراق لاتىلارنىمۇ تاشلىۋەتمەي ئەپلەپ – سەپلەپ قوراشتۇرىۋالدى. ھويلىدا تومۇزغا توختىماي  چىرىلداۋاتاتتى.قۇياش ئالىبۇرۇن تاغقا باش قويغانىدى. ئەمما ئايال كەچكى قوياشنىڭ تاشئالما ئۈستىگە چۈشۈۋاتقان ئاداققى نۇرلىرىنى كۆرمەيتتى. ئۇ شۇ ئىشلىگىنىچە پولكوۋنىك كەچقۇرۇن قايتىپ كەلگەندىلا بېشىنى كۆتۈردى ۋە گەدىنىنىڭ بۇلجۇڭ گۆشلىرىنى ئۇۋلىغاچ:

ـ كاللام تاشتەك قاتتىقلا بولۇپ قالدى،- دېدى.

ـ سىزنىڭ كاللىڭىز بۇرۇدىنلا شۇنداق ئىدى،- پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ رەڭگارەڭ پۇرۇچ لاتىلارنىڭ ئارىسىغا چۆكۈپ ئولتۇرغۇنىنى كۆرۈپ قوشۇپ قويدى،- جاڭگال دۇمباقچىسىنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشاپ قاپسىزغۇ.

ـ بۇنى كىيسىڭىز سىزمۇ يېرىم جاڭگال دۇمباقچىسىغا ئوخشاپ قالىسىز،- پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى شۇنداق دېگىنىچە ئۈچ خىل رەڭدىكى لاتا- پىتىلاردىن قۇراشتۇرۇلغان بىر كۆڭلەكنى ئېرىنىڭ ئالدىغا يايدى. كۆڭلەكنىڭ ياقىسى بىلەن يېڭىلا بىر خىل لاتىدا يامالغانىدى،- ئەمدى بۇ كۆڭلىكىڭىزمۇ پۈتتى. شادلىق بايرىمىدا چاپىنىڭىزنى كىيمىسىڭىزمۇ بولىدىغان بولدى.

قوڭغۇراق سائەت ئالتە بولغانلىقىدىن دالالەت بېرىپ ئالتە قېتىم چېلىندى. گېپى ئوتتۇرىدىن ئۈزۈلگەن ئايال:

ـ خۇدا ئەۋەتكەن پەرىشتە بۈۋى مەريەم ئانا،!- دەپ تىلاۋەت قىلغىنىچە كۆڭلەكنى ئېلىپ ھۇجرىغا قاراپ ماڭدى. پولكوۋنىك مەكتەپتىن قويۇپ بېرىشى بىلەنلا خورازنى كۆرىمىز دەپ ئۇچۇپ كېلىدىغان بالىلار بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. بىر پەستىن كېيىن ئەتە خورىزىغا بېرىدىغان كۆممىقۇناقنىڭ يوقلۇقىنى ئېسىگە ئېلىپ ھۇجرىغا كىردى ۋە خوتۇنىدىن پۇل سورىدى.

ـ مەندە بەش تەڭگىلا پۇل قالدى.

ئايال پورتماننى قولياغلىققا چىگىپ كىرلىكنىڭ قېتىغا تىقىپ قويغانىدى. توققۇز ئايدىن بېرى بۇ ئەر- خوتۇن ئاشۇ پوترماندىكى ئوغلى ئاۋگوستنىڭ تىككۈچىلىك ماشىنىسىنى سېتىپ ئېشىپ قالغان ئازغىنا پۇلنى سېنىت- سېنىتلاپ خەجلەپ ئۆزلىرى ۋە خورىزىنىڭ زۆرۈر چىقىملىرىنى قامداپ كېلىۋاتاتتى. پورتماندا پەقەت ئىككى مولۇق تەڭگىدىن ئىككىسى، بىر مولۇق تەڭگىدىن بىرسىلا قالغانىدى.

ـ يېرىم قاداق كۆممىقۇناق ئېلىڭ،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىكقا،- ئاشقان پۇلغا ئەتىگە ئازراق قەھۋە، تۆت ئۇنسىسىيە پىشلاق ئالارسىز.

ـ يەنە تېخى تامغا ئاسىدىغان ھەيكەل ئېلىشىم كېرەك،- دېدى پولكوۋنىك،- كۆممىقۇناق ئېلىشقىلا تۆت تەڭگە ئىككى سېنىت پۇل كېتىدۇ.

ئەر خوتۇن ئىككىيلەن بىردەم ئۆزىنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالدى.

ـ توخۇ دېگەن ھايۋان، كۈتۈپ تۇرسا بولىۋېرىدۇ،- ئايال ئاۋۋال سۆز باشلىدى، ئەمما ئېرىنىڭ تەلەتىنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالدى. پولكوۋنىك كارىۋاتتا جەينىكىنى تىزىغا تىرەپ، تەڭگىنى قولىدا شاراقشىتىپ ئوينىغىنىچە ئولتۇراتتى.

ـ بۇ ئىش ماڭا باغلىق ئەمەس،- دېدى پولكوۋنىك بىر ئازدىن كىيىن،- ئەگەر ماڭا باغلىق بولغان بولسا، بۇ خورازنى بۈگۈن ئاخشاملا قازانغا باسقان بولاتتىم. ئەللىك پىسو خەجلەپ ئوبدان بىر ۋاخ تاماقلانسا نېمىدىگەن پەيزى- ھە!

پولكوۋنىك سۆشىدىن توختاپ، بوينىغا قونۇۋالغان پاشىنى پاققىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈردى، ئاندىن ئۆي ئىچىدە ئۇيان- بۇيان مېڭىپ تۇرغان خوتۇنىغا كۆزىنى ت ئۈزمەي قارىدى.

ـ بۇ بىچارە يىگىتلەرنىڭ پۇل تاپىمىز دەپ قىلىۋاتقان ئىشلىرى مېنى ئەنسىرىتىپ قويۇۋاتىدۇ. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى چۇڭقۇر ئويلانغاچ ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسى قاچىلانغان پۈركۈگۈچىنى تۇتقىنىچە ئۆينى بىر ئايلىنىپ چىقتى. پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ ئوزايىدىن ئازراق خاۋاتىرلىنىۋاتقانلىقىنى سەزدى. ئايال ئاخىر پۈركۈگۈچنى نەزىر- چىراغ سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە قويدى ۋە پولكوۋنىكنىڭ كۆزىگە جىممىدە قارىغىنىچە:

ـ كۆممىقۇناق ئېلىڭ، قالغىنىغا خۇدايىمنىڭ ئۆزى بار،- دېدى.

ـ بۇ بولكىنىڭ ئىچىدىن بولكا چىققاندەكلا بىر ئىش،- كېيىنكى ھەپتىدە ئەر خوتۇن ئىككىيلەن ھەر قېتىملىق تاماق ئۈستىدە مۇشۇ گەپنى ئېغىدىن چۈشۈرمىدى. خوتۇنى ياماقچىلىق قىلىش، لاتا- پىتىلەرنى قوراشتۇرۇشتىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەپچىل ھۈنىرى بىلەن پولكوۋنىكقا ئائىلە ئىقتىسادىنى قۇرۇق قول قامداشنىڭ ئېپىنى ئۆگىتىپ قويغاندەك قىلاتتى. ئۆكتەبىردە ئادەمنىڭ كېسەل بولۇپ قالىدىغان ۋاقتى ئۇزىراپ كېتەتتى، نەمخۇش ھاۋانىڭ ئورنىنى ئولتۇرغان ئادەمنى ھېلىلا ئۇخلىتىپ قويىدىغان دىمىق ئىسسىق ئىگىلەيتتى. قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىدا روھى خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئايال ئۇدا ئۈچ كۈندىكى چۈشتىن كېيىنلىك ۋاقتىنى سالۋاراپ كەتكەن چاچلىرىنى تاراش، ئۆزىنى ياساش بىلەن ئۆتكۈزدى.

ـ ئىبادەتنى باشلايدىغان ۋاقىت بولدى،- پولكوۋنىك تۇنجى كۈنى چۈشتىن كېيىن خوتۇنى ئۇيەر – بۇيېرىنىڭ چىشلىرى سۇنۇپ كەتكەن تارغاقتا ئۇزۇن چاچلىرىنى باستۇرۇپ تاراۋاتقاندا مۇشۇ گەپنى قىلدى. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ئەتىسى چۈشتىن كېيىن كېسىلى قوزغىلىپ قالغان چاغلاردا كۆپىيىپ قالىدىغان پىت- سىركىلەرنى سۈزگۈچ بىلەن ئادالىدى، ئۈنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن گىياھ سۈيىدە بېشىنى يۇدى ۋە چېچىنى قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن چوققىسىغا ئىككى ئۆرۈم قىلىپ تۈرمەكلىدى. ئاندىن ئۇنى قىسقۇچ بىلەن مەھكەم قىستى. پولكوۋنىك خوتۇنىنى كۈتۈپ تۇراتتى. شۇ كېچىسى ئۇ خورىزىنىڭ غېمىنى قىلىپ كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقتى. لېكىن چارشەنبە كۈنى ئاۋگوسىتتىننىڭ دوسلىرى كېلىپ خورازنى جىڭلىدى. خورازنىڭ ئېغىرلىقى ئۆلچەمگە توشاتتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇلار توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىدا ئۆتۈشنىڭ پىلانىنى سوقۇپ خورازنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندە، پولكوۋنىك ئېيىتقۇسىز رازىمەنلىككە چۆمدى. خوتۇنى ئۇنىڭ چېچىنى ياساپ قويدى.

ـ مېنى يىگىرمە ياش ياشارتىۋەتتىڭىز جۇمۇ،- دېدى پولكوۋنىك بېشىنى سىلاۋېتىپ.

خوتۇنىغا ئېرىنىڭ گېپى ئورۇنلۇقتەك بىلىندى.

ـ سالامەتلىكىم ياخشى چاغلاردا ئۆلگەنلەرنىمۇ تىرىلدۈرىۋېتەلەيمەن تېخى،- دېدى پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى.

ئەمما، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى پەقەت بىر نەچچە سائەتلا داۋاملاشتى. تامدىكى ئاسما سائەت بىلەن نازىنىننىڭ رەسىمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆيدە ساتقۇدەك بىر نەرسە يوق ئىدى. پەيشەنبە كۈنى، قاتمۇقات قىيىنچىلىقنىڭ قايسىبىرىنى ئاۋۋال ھەل قىلىشنى بىلمەي بېشى قاتقان ئايال پەرىشانلىق ئىلكىدە ئولتۇرۇپ قالدى.

ـ بولدى، ئەنسىرىمەڭ،- دېدى پولكوۋنىك خوتۇنىغا تەسەللى بېرىپ،- ئەتە خەت كېلىدۇ.

ئەتىسى پولكوۋنىك دوختۇرنىڭ شاپاخانىسى ئالدىدا پوچتا پاراخوتىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى.

ـ بۇ ئايرۇپىلان دېگەنمۇ تازا غەلىتە نەرسىكەن،- دېدى پولكوۋنىك خەت خالتىلىرىغا كۆز ئۈزمەي قاراۋېتىپ،- ئاڭلىسام، ئۇنىڭغا چۈشسە بىر كېچىدىلا ياۋرۇپاغا بارغىلى بولىمىشقۇ.

ـ شۇنداق،- دېدى دوختۇر بىر رەسىملىك ژورنال بىلەن ئۆزىنى يەلپۈۋېتىپ.

پولكوۋنىك پوچتىكەشنىڭ پاراخوتنىڭ قىرغاققا يېقىنلىشىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بىر توپ ئادەمنىڭ ئارىسىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى. پوچتىكەش پاراخوتقا بىرىنچى بولۇپ سەكرەپ چىقىپ، كاپىتاننىڭ قولىدىن پوچتا تامغىسى بېسىلغان بىر پارچە خەتنى ئالدى ۋە پاراخوتنىڭ تۈۋرۈكىگە يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى.

ـ ئەمما ئايروپىلاننىڭ خەتىرى يوقكەن،- پولكوۋنىك گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ پوچتىكەشنى كۆزىدىن يۈتتۈرۈپ قويدى.  ئەمما ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى پوچتىكەشنى سوغۇق ئىچىملىكلەر شىرەسىدىكى رەڭگارەڭ قۇتىلار ئارىسىدىن ئوڭايلا تېپىۋالدى،- ئىنسانىيەتتە خېلى زور تەرەققىياتلار بولۇۋېتىپتۇ جۇمۇ.

ـ ئايروپىلان پاراخوتتىنمۇ بىخەتەر،- دېدى دوختۇر،- ھەرقانداق بوران- چاپقۇنغا ئۇچرىغان ئەھۋالدىمۇ يىگىرمە مىڭ ئىنگلىزچسى ئېگىزلىكتە خاتىرجەم ئۇچالايدۇ.

ـ يىگىرمە مىڭ ئىنگلىزچىسى دەمسىز؟- پولكوۋنىك مەڭدىگىنىچە دوختۇرنىڭ گېپىنى تەكرارلىدى. ئۇ بۇ ساننىڭ مەنىسىنى تېخى .اڭقىرىپ كېتەلمىگەنىدى.

دوختۇر روھلۇق ھالدا رەسىملىك ژورنالنى يېيىېپ تۈزلىدى.

ـ ۋاراقلىرى ئەمدى يېپىلىپ كەتمەيدىغان بولدى،- دېدى دوختۇر.

ئەمما پولكوۋنىكنىڭ ئەس- يادى پوچتىكەشتە ئىدى. ئۇ پوچتىكەشنىڭ گاز سۈيىنى راھەتلىنىپ ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆردى. پوچتىكەشنىڭ ئوڭ قولىدا خەت خالتىسى بار ئىدى.

ـ يەنە تېخى دېڭىزدا توختىغان پاراخوتلار كېچىلىرى ھاۋادا ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلان بىلەن خەۋەرلىشىپ تۇرىدىكەن،- دېدى دوختۇر گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- شۇنچە جىق مۇداپىئە تەدبىرلىرى قوللىنىلغاندىكىن، ئايروپىلان پاراخوتتىن ئەلۋەتتە بىخەتەر بولىدۇ- دە!

پولكوۋنىك دوختۇرغا لاپپىدە قاراپ قويدى.

ـ ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ،- دېدى ئۇ،- بەلكىم تازا سىلىق ئۇچىدىغاندۇ.

پوچتىكەش ئۇلار تەرەپكە كېلىشكە باشلىدى. پولكوۋنىك ھەرقانچە قىلسىمۇ باسقىلى بولمايدىغان ئاجايىپ بىر تاقەتسىزلىك ئىلكىدە كونۋېرتلارغا يېزىلغان ئىسىملارنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن ئىىتىيارسىز كەينىگە بىر نەچچە قەدەم داجىدى. پوچتىكەش خەت خالتىسىنى ئېچىپ، بىر باغلام گېزىتنى دوختۇرغا بەردى، ئاندىن شەخسىي خەتلەر سېلىنغان چوڭ كونۋېرتنى يىرتىپ، ئەۋەتىلگەن خەتلەرنىڭ ئادرېسغا سەپسالدى ۋە خەت ئىگىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئوقۇشقا باشلىدى. دوختۇر گېزىتنى ئاچتى:

ـ يەنە شۇ سۇۋەيىش قانىلى مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپتۇ،- دېدى دوختۇر كۆزىگە چېلىقىدىغان ماۋزۇلارغا قاراپ چىققاندىن كېيىن،- غەرب تەرەپ بۇ زىمىننى قولدىن بېرىپ قويۇپتۇ.

« ئاشقازان كېسىلىم قوزغىلىپ كەتمىگىيدى» دەپ ئەنسىرەپ تۇرغان پولكوۋنىك گېزىتتىكى ماۋزۇلارغا قارىمىدى.

ـ ئاخبارات خەۋەرلىرى قاتتىق تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن گېزىتكە ياۋرۇپادىن باشقا جايلار توغرۇلۇق بىر نەرسە بېرىلمەيدىغان بولدى،- دېدى پولكوۋنىك،- ياۋرۇپالىقلار بۇ يەرگە كېلىپ باققان، بىز ياۋرۇپاغا بېرىپ باققان بولساق ياخشى بولاتتى. بۇنداق بولغاندا بۇ دۆلەتتە بولۇۋاتقان ئىشلاردىن ھەممە ئادەم خەۋەر تاپالايتتى.

ـ ياۋرۇپالىقلارنىڭ نەزەرىدە جەنۇبىي ئامېرىكا قولىغا گىتار بىلەن تاپانچا ئالغان بومبا ساقال ئادەمگىلا ئوخشايدۇ،- دېدى دوختۇر گېزىتكە چىققان نەرسىلەرنى زاڭلىق قىلىۋېتىپ،- ئۇلار بۇ مەسىلىنى چۈشەنمەيدۇ.

پوچتىكەش دوختۇرغا بىر پارچە خەت بېرىپ، قالغان خەتلەرنى خالتىغا سالدى ۋە خالتىنىڭ ئاغزىنى بوغدى. دوختۇر خەتنىڭ ئاغزىنى ئېچىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال پولكوۋنىكقا، ئاندىن پوچتىكەشكە قاراپ قويدى.

ـ پولكوۋنىكقا  ھېچنىمە يوقمىكەن؟

پولكوۋنىك قورقونچ ئىلكىدە قالدى. پوچتىكەش خالتىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ، پىيادىلەر يولىغا چىقتى ۋە كەينىگىمۇ قارىماستىن جاۋاب بەردى:

ـ پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ.

پولكوۋنىك بۈگۈن ئادەتتىكىدەك ئۆيىگە ئۇدۇل قايتماي، ماشىنچىخانىدا ئازراق قەھۋە ئىچىپ ئولتۇردى. ئاۋگوستننىڭ دوسلىرى گېزىت كۆرۈۋاتاتتى. قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن پولكوۋنىك ئەسلىدە خوتۇنىنىڭ ئالدىغا قۇرۇق قول بېرىشقا يۈزى چىدىماي، ماشىنچىخانىدا كىلەر جۈمە كۈنىگىچە تۇرماقچى بولغانىدى، ئەمما ماشىنچىخانىنىڭ ئىشىكى ئېتىلگەندە، يەنە ئاچچىق رېئاللىققا تەن بېرىشكە مەجبۇر بولدى. خوتۇنى ئۆيدە ئۇنى كۈتۈپ ئولتۇرغانىدى.

ـ ھېچنىمە يوقكەن؟- سورىدى خوتۇنى.

ـ ھەئە،- دېدى پولكوۋنىك.

كېيىنكى جۈمە كۈنى پولكوۋنىك پوچتا پاراخوتىنى كۈتۈش ئۈچۈن يەنە پورتقا كەلدى. ئەمما يەنە ئۆيىگە قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى.

ـ ئەمدى شۇنچە كۈتكىنىمىز يېتەر،- دېدى كەچلىكى خوتۇنى پولكوۋنىكقا،- بىر پارچە خەت ئۈچۈن ئون بەش يىل كۈتتۇق. لېكىن، سىزدىكى سەۋرچانلىق بولمىسىمۇ بولمايتتى.

پولكوۋنىك ئاسما كارىۋىتىغا چىقىپ گېزىت كۆرۈشكە باشلىدى.

ـ سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈش نۆۋىتى بىزگە كەلگەن ئاشۇ كۈنى،- دېدى پولكوۋنىك،- بىزنىڭ نومۇرىمىز 1823 ئىدى.

ـ بىز كۈتۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بۇ نومۇر لاتارىيە بېلىتىدە ئىككى قېتىم كۆرۈلدى،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىكنىڭ گېپىگە رەددىيە بېرىپ.

پولكوۋنىك ئادىتى بويىچە گېزىتنىڭ ھەممە بېتىنى، ئېلانىنىمۇ قالدۇرماي تولۇق ئوقۇپ چىقتى. ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇ زېھنىنى يىغالمىدى. ەېزىت ئوقۇۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئۇنىڭ خىيالى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلىك ياردەم پۇلى ئېلىشتا ئىدى. ئون توققۇز يىل ئىلگىرى ھەربىي سەپتىن چېكىنىش قانونى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن پولكوۋنىك ئالدى بىلەن ھەربيدىن چېكىنگەنلىك ياردەم پۇلى ئېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويغانىدى. ئارىدىن ئون تۆت يىل ئۆتۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئىسمى ئاران ياردەم پۇلى ئالغۇچىلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى ۋە ئالاقە كەلدى. بۇ پولكوۋنىك تاپشۇرىۋالغان ئاخىرقى خەت بولۇپ قالدى.

پولكوۋنىك كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش پۇشتىكى چېلىنغاندىن كېيىنلا گېزىتنى كۆرۈپ بولدى ۋە چىراغنى ئۆچۈرمەكچى بولۇۋېتىپ خوتۇنىنىڭ تېخى ئۇخلىمىغانلىقىنى سەزدى.

ـ گېزىتتىن قىيىۋالغان ەرسىلەرنى ھېلىھەم ساقلاۋاتامسىز؟

خوتۇنى ئويلىنىپ قالدى.

ـ ھەئە، باشقا قەغەزلەر بىلەن بىر يەرگە قويغان بولسام كېرەك.

پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى پاشىلىقتىن چىقىپ ئىشكاپتىن بىر ياغاچ ساندۇقنى ئالدى. ساندۇقتا كەلگەن خەتلەر چېسلا تەرتىپى، رەت- رېتى بىلەن قويۇلغانىدى. ئايال .ادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ پولكوۋنىكنىڭ ئۇرۇش نەپىقە پۇلى ئېلىش تەلىپىگە يازغان جاۋاب خېتىنى تاپتى.

ـ سزگە ئادۋۇكاتنى ئالماشتۇرۇڭ، دەپ نەچچە قېتىم ئېيتتىم. گېپىمنى ئاڭلىغان بولسىڭىز، بۇ چاغقا ياردەم پۇلى ئېلىپ بولغان بولاتتۇق،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىكقا گېزىتتىن قىيىۋالغان نەرسىلەرنى بېرىۋېتىپ،- بىز ئۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن خەقلەر ئىندىئانلارغا ئوخشاش پۇلنى مېيىت ساندۇقىغا سېلىپ قويسىمۇ بىكار-دە. پولكوۋنىك ئىككى يىل ئىلگىرى گېزىتتىن قىيىۋالغان نەرسىلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىشىكنىڭ كەينىگە ئىلىپ قويغان كۆڭلىكىنىڭ يانچۇقىغا سالدى.

ـ يامان يېرى، ئادۋۇكات ئالماشتۇرۇشقىمۇ پۇل كېتىدۇ- دە.

ـ پۇل كەتمەيدۇ،- دېدى خوتۇنى تولىمۇ ئىشەنچلىك ئاھاڭدا،- ئۇلارغا خەت يېزىپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلىك پۇلىنى ئالغىنىمىزدىن كېيىن قانچىلىك پۇل تۇتىۋالسا رازى ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرەيلى. بۇ ئۇلارنى بۇ ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىشقا قىزىقتۇرۇشنىڭ بىردىنبىر ئامالى.

مەسلىھەتتىن كېيىن پولكوۋنىك شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئادۋۇكاتنى يوقلاپ باردى. پولكوۋنىك كىرگەندە، ئادۋوكات ئاسما كارۋاتتا ياتاتتى. ئۇ قەددى- قامەتلىك، ئېگىز نېگىر ئىدى. ئۇ ياغاچ ساپما كەشىنى كېيىپ ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۆينىڭ دەرىزىسىنى ئاچتى. دېرىزىنىڭ ئالدى تەرىپىگە چاڭ- توزان دەستىدىن كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەن بىر ئاپتۇماتىك پىئانىنو قويۇلغانىدى. پىئانىنونىڭ ئۈستىدىكى كانەي شەكلىدە تۈرمەكلەنگەن نوتا قەغىزىنىڭ ئارىلىقىغا بىر انچە كونا ھېسابات دەپتىرى ، باب- پاراگرافلىرى قالايمىقان، ئىچىگە شىلىم بىلەن « ھۆكۈمەت گېزىتى» دىن قىيىۋالغان ئۇرۇن جەدۋىلى سېلىنغانىدى. توپچىلىرى يوق بۇ كونا پىئانىنو يەنە يېزىق ئۈستىلى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلەتتى. ئادۋۇكات پۇرژۇنلۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. پولكوۋنىك كېلىش مەقسىتىنى ئېيتىپ بولغۇچە چىرايىدا تەشۋىشلىك ئىپادە ئەكىس ئەتتى.

ـ مەن سىزگە ئېيىتقان، ئۇنداق ئوڭاي ھەل بولىدىغان ئىش يوق دەپ،- پولكوۋنىك ئەمدى گېپىنىڭ يېرىمىنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغا ئادۋۇكات گەپ ئارىلاپ شۇنداق دېدىۋە ئىسسىقتا دېمى سىقىلىپ كەينىگارەك يۆلەندى، ئاندىن ئېلان يازىدىغان بىر پارچە قەغەزدە ئۆزىنى يەلپۈشكە باشلىدى،- ۋاكالەتچىم دائىم خەت يېزىپ ئۈمىدسىزلەنمەسلىك كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

ـ ۋاكالەتچىڭىزدىن ئون بەش يىلدىن بېرى شۇ گەپتىن باشقا مەزمۇندا خەت كەلمىدى،- دېدى پولكوۋنىك ئادۋۇكاتنىڭ گېپىگە قارشى چىقىپ،- بۇ ئىش پىچىۋېتىلگەن توخۇنىڭ ھېكايىسىگە ئوخشىغىلى تۇردى.

ئادۋۇكات ئىشلىرىنىڭ قانچىلىك قىيىنغا توختاۋاتقانلىقىنى پولكوۋنىكقا بىر ھازا ئېزىپ چۈشەندۈردى. بۇ نېگىرنىڭ كېلەڭسىز بەدىنىگە قارىغاندا، ئورۇندۇق بەكلا كىچىك بولۇپ قالغانىدى.

ـ ئون بەش يىل ئىلگىرىكى ۋاقىت بولسا بۇ ئىشنى بىجىرمەك ناھايىتى ئوڭايغا توختايتتى،- ددى ئادۋۇكات،- ئۇ چاغدا ئىككى پارتىينىڭ ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان شەھەرلىك پىشقەدەم ھەربىيلەر بىرلەشمە جەمئىيتى بار ئىدى،- ئۇ دىمىق ھاۋادىن چۇڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋېتى، ئۆزى ھېلىلا ئويلاپ تاپقاندەك بىر تەلەپپۇزدا قوشۇپ قويدى،- ئىتتىپاقلىق ـ كۈچ  دېمەكتۇر.

ـ ئەمما بۇ ئىشتا ھەرقانچە ئىتتىپاقلىق بولغان بىلەنمۇ بىكار،- دېدى ئۆزىنىڭ قانچىلىك غېرىبانە بىر ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغان پولكوۋنىك،- جىمى سەبداشلىرىم ئۆزىگە خەت كېلىشىنى كۈتۈپ ئۆلۈپ كەتتى.

ئادۋۇكاتنىڭ چىرايىدا ئاراقمۇ ئۆزگىرىش بولمىدى.

ـ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر قانۇنى كېچىكىپ ئېلان قىلىندى،- دېدى ئادۋۇكات،- سىز يىگىرمە يېشڭىزدىلا پولكوۋنىك بولدىڭىز، جىمى ئادەم سىزدەك تەلەيلىك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باشقا ئالاھىدە بىر تۈركۈم خىراجەت ھېسابقا كىرگۈزۈلمەي قالغاچقا، ھۆكۈمەتكە خام چوتنى تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن باشقا ئامال بولمىدى.

بۇ ئادۋۇكاتنىڭ دائىم دەيدىغان گېپى ئىدى. ھەر قېتىم شۇ گەپ تىلغا ئېلىنغاندا، پولكوۋنىكنىڭ بەكلا ئىچى پۇشاتتى.

ـ بۇ تىلەمچىلىك قىلىش ئەمەمس،- دېدى پولكوۋنىك،- ياكى بىزگە قىلىندىغان شاپائەتمۇ ئەمەس، جۇمھۇرىيەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان ئادەملەر بىز.

ـ توغرا ئېيتىسىز، پولكوۋنىك،- دېدى ئادۋۇكات قوللىرىنى يېيىپ،- بۇ جاھاندا ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ چېكى يوق.

ئادۋۇكاتنىڭ مۇشۇ خىلدىكى گەپلىرىمۇ پولكوۋنىكقا ئوبدانلا تونۇش ئىدى. ئۇ تۇنجى قېتىم بۇ گەپنى نىئللاندىيە شەرتنامىسى ئىمزالىغان كۈنىنىڭ ئەتىسى ئاڭلىغانىدى. شۇ كۈنى ھۆكۈمەت ئىنقىلابقا قاتناشقان ئىككى يۈز ئوفىستىرغا ساياھەت قوشۇمچە راسخوتى ۋە قۇتقۇزۇش پۇلى بېرىشكە ماقۇل بولغانىدى. ئاساسەن دېگۈدەك مەكتەپتىن قېچىپ چىققان ياشلاردىن تەشكىللەنگەن ئىنقىلابىي گازارما توپتوغرا ئۈچ ئاي نېئللاندىينىڭ ئاسمان پەلەك دەرەخلىرى  بىلەن قورشىلىپ تۇرغانىدى. كېيىن ئۇلار ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ داۋاملىق كۈتۈشكە باشلىدى. ئەمما ئارىدىن ئاتمىش يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، پولكوۋنىك يەنە كۈتۈشتىن قۇتۇلالمىدى.

بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلىگەندە، پولكوۋنىك قاتتىق ھاياجانلىنىپ ئۇلۇغ ئىشلارغا تۇتۇنىدىغاندەك كەسكىن ھالىتىگە قايتاتتى. ئۇ ئوڭ قولى(ھېچقانچە گۆشى يوق سۆڭەك)نى تىزىغا قويۇپ پەس ئاۋازدا:

ـ مەن ئاخىرقى قارارغا كەلدىم،- دېدى.

ئادۋۇكات ئۇنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمىدى.

ـ بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟

ـ ئادۋۇكات ئالماشتۇرماقچىمەن.

بىر ئۆردەك يۇمران سېرىق پەيلىك بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئادۋۇكاتلىق ئورنىغا كىرىپ كەلدى.

ـ ئىختىيارىڭىز،- دېدى ئاۋرۇكات،- مۆجىزە يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولسام، بۇ مال قوتىنىغا سولىنىپ ياتمىغان بولار ئىدىم.

ئادۋۇكات بىر ياغاچ شادىنى قورۇنىڭ ئىشىكىگە قويۇپ قويۇپ، يەنە ئورۇندۇقىغا ئولتۇردى.

ـ ئوغلۇم بىر ئۆمۈر ئىشلىگەنىدى،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەمما ئۆيىمىز يەنىلا گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى. ھەربىيدىن چىكىنگەنلەر قانۇنى ئادۋۇكاتلار ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تايىنىدىغان دەسمايە بولسا كېرەك.

ـ مەن ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس،- دېدى ئادۋۇكات ئېتىزار بىلدۈرۈپ،- مەن ئاخىرقى بىر سېنىت پۇلنىمۇ دىلو بېجىرىشكە خەجلىگەن ئادەممەن.

پولكوۋنىك گەپتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە ئىچىدە خىجىل بولۇپ قالدى.

ـ مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىممۇ شۇ ئىدى،- دېدى ئۇ دەرھال گېپىنى تۈزىتىپ ۋە يېڭى بىلەن پىشانىسىنى سۈرتۈپ،- ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتتى. كاللىنى قاينىتىۋەتتىغۇ.

بىر ئازدىن كېيىن ئادۋۇكات ھوقۇق ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىسپاتىنى ئىزدەپ ئۆي ئىچىنى قېزىۋەتتى. رەتلەنمىگەن ياغاچلاردىلا ياسالغان بۇ ئاددىي ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدىن كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى. ئۆينى تولۇق ئاختۇرۇپ چىققان ئادۋوكات تۇيۇقسىز يەرگە يۈكۈندى ۋە ھاسىراپ – ھۆمىدىگىنىچە ئاپتوماتىك پىئانىنونىڭ ئاستىدىن بىر باغلام ھۆججەتنى كۆتۈرۈپ قوپتى.

ـ ماۋۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ.

ئادۋوكات تامغا بېسىلغان بىر ۋاراق قەغەزنى پولكوۋنىكقا سۇندى.

ـ مەن ۋاكالەتچىمگە خەت يېزىپ ئۇلارغا بۇنىڭ قۇشۇمچە نۇسخىسىنى ئىناۋەتىسىز قىلىۋېتىشنى ئېيتاي،- دېدى ئادۋوكات ئاخىر.

پولكوۋنىك قەغەزدىكى چاڭ- توزانلارنى قېقىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنى كۆڭلىكىنىڭ يانچۇقىغا سالدى.

ئۇنى ئۆزىڭىز يىرتىۋېتىڭ!- دېدى ئادۋوكات.

ـ ياق،- دېدى پولكوۋنىك جاۋابەن،- بۇ يىگىرمە يىلنىڭ يالدامىسى.

پولكوۋنىك ئادۋوكاتنىڭ ھۆججەتلەرنى داۋاملىق ئىزدىشىنى كۈتكەنىدى، ئەمما ئادۋوكات بۇنداق قىلمىدى. ئەكىسچە ئاسما كارىۋاتنىڭ يېنىغا بېرىپ تەرىنى سۈرتتى ۋە قۇياشنىڭ ئەكىس نۇرىدا پولكوۋنىكقا يالىتتىدە قارىدى.

ـ ماڭا ھېلىقى ھۆججەتلەرنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ قايسى ھۆججەتلەرنى؟

ـ دەلىل – ئىسپاتلارنى.

ئادۋوكات قوللىرىنى يايدى.

ـ بۇ پەقەت مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك ھولۇقۇپ قالدى. ماكاندودىكى ئىنقىلابتا ئۇ بىر ھەربىي ئوفېستىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىچكى ئۇرۇش خىراجىتى قاچىلانغان ئىككى ساندۇقنى بىر خېچىرغا ئارتىپ، ئالتە كۈن پىيادە يول ماڭغانىدى. شەرتنامە ئىمزالىنىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئۇ ئاچلىقتىن ئۆلەيلا دەپ قالغان قېچىرغا مىنپ نىئېللاندىيە گازارمىسىغا يېتىپ كەلگەنىدى. ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدىكى رايونلارنىڭ ئىنقىلابىغا مەسئۇل باش قوماندان پولكوۋنىك ئورېلىئانو بۇئېندىيە ھۆججەتكە قول قويۇپ، ئىككى ساندۇق خىراجەتنى پۇل تاپشۇرۋالغانلىق دەپتىرىگە تىزىملاپ قويغانىدى.

ـ ئۇ ھۆججەتلەرنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- ئۇنىڭ ئارىسىدىكى بىر ھۆججەتكە پولكوۋنىك ئورېلىئو بۇئېندىيە ئۆز قولى بىلەن قول قويغانىدى.

ـ پىكىرىڭىزگە تامامەن قوشۇلىمەن،- دېدى ئادۋوكات،- لېكىن بۇ ھۆججەتلەر ھازىرغىچە نەچچە ئونمىڭ ئىشخانىدا نەچچە ئون مىڭ قولدىن ئۆتۈپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قايسى تارمىقىدا ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىغان ھالغا بېرىپ قالغاندۇ.

ـ بۇنداق ھۆججەتنى ھېچقانداق بىر ئەمەلدار ئوقۇمايلا قولدىن قولغا ئۆتكۈزىۋەتمەيدۇ،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ لېكىن يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلدارلار قانچە قېتىم ئالماشقاندۇ،- دېدى ئادۋوكات گەپنى بۆلۈپ،- ئويلاپ باقمامسىز، ھازىرغىچە يەتتە زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىچكى كابىېنتنى ئاز دېگەندە ئون قېتىم ئالماشتۇرغاندۇ. ھەربىر مىنىستىر قول ئاستىدىكىلەرنى ئاز دىگەندە يۈز قېتىم يەڭگۈشلىگەندۇ.

ـ  ئەمما ئۇ ھۆججەتلەرنى ھېچكىم ئۆيىگە ئېلىپ كەتمەيدۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- يېڭى تەينىلەنگەن ھەربىر ئەمەلدار ئۇ ھۆججەتلەرنى ئەسلىدىكى ئورنىدىن ئىزدىشى كېرەك.

ئادۋوكاتنىڭ ئاچچىقى كەلدى.

ـ بۇ ھۆججەتلەرنى ھازىر مىنىستىرلىقتىن تېپىپ چىققان تەقدىردىمۇ، كىيىنكى قېتىمدىلا تىزىملىككە كىرگۈزگىلى بولىدۇ- دە.

ـ ھېچقىسى يوق،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ بۇ بىر نەچچە ئەسىردىن كېيىن بولىدىغان ئىش.

ـ كېرەك يوق. ئالدىرىغان يولدا قالار دەيدۇ ئەمەسمۇ.

پولكوۋنىك قەغەز، قەلەم، سىياھ ۋە سىياھ سۈمۈرىدىغان قەغەز ئېلىپ تۆر ئۆيدىكى كىچىك شىرەنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە خوتۇنى بىلەن بىرەر ئىشنى مەسلىھەتلىشىشكە توغرا كېلىپ قالسا ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن ھۇجرىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قويدى. خوتۇنى تىلاۋەت قىلىپ ئولتۇراتتى.

ـ بۈگۈن چىسلاغا نەچچە؟

ـ ئۆكتەبىرگە يىگىرمە يەتتە.

پولكوۋنىك خەت يېزىشقا تۇتۇندى. تۆر ئۆينىڭ ئىشىكى ئېتىك بولغاچقا، دىمىق ئىسسىققا چىداپ تۇرغىلى بولمايتتى. بىر تامچە تەر پولكوۋنىك خەت يېزىۋاتقان قەغەزگە ئېقىپ چۈشتى. پولكوۋنىك ئۇنى سىياھ سۈمۈرگۈچكە ئىچۈرگەندىن كېيىن، تەردە تۇتۇق بولۇپ قالغان خەتلەرنى سۈرتمەكچى بولىۋېدى، ئويلىمىغان يەردىن قەغەز سىياھتا بويىلىپ كەتتى. پولكوۋنىك ئاچچىقلىماي« دىققەت قىل» دېگەن مەنىدە بىر بەلگە يازدى ۋە ئۇنىڭ يېنىغا:« ئىگىلەشكە تېگىشلىك ھوقوق» دەپ قوشۇپ قويدى، ئاندىن يازغانلىرىنى باشتىن- ئاياغ ئوقۇپ چىقتى.

ـ مەن قايسى كۈنى تىزىملىككە كىرگەنتىم؟

خوتۇنى بىر ئاز ئويلىنىپ:

ـ 1949- يىل 12- ئاۋغۇسىت،- دېدى ۋە تىلاۋېتىنى داۋاملىق ئوقۇشقا باشلىدى.

بىر ئازدىن كېيىن يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. پولكوۋنىك ئۆزىگە خەت يېزىشنى ئۆگەتكەن مانارې مەكتىپىدىكى ھېلىقى مۇئەللىمگە ئوخشاش يوغان- يوغان خەتلەر بىلەن بىردەمدە بىر ۋاراق قەغەزنى تولدۇردى، كېيىن يەنە يېرىم بەتتەك يېزىپ ئاخىرىغا ئىمزاسىنى قويدى.

پولكوۋنىك يازغان خېتىنى خوتۇنىغا ئوقۇپ بەردى. پولكوۋنىك ھەربىر جۈملە سۆزنى ئوقۇغاندا،خوتۇنى باش لىڭشىتىپ تەستىقلاپ تۇراتتى. خەت ئوقۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن پولكوۋنىك كونۋېرتنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ چىراغنى ئۆچۈردى.

ـ بولمىسا بۇنى بىرەرسىگە دەپ ماشىنكىدا ئۇردۇرۇۋېتىڭ.

ـ ياق،- دېدى پولكوۋنىك،- خەققە يالۋۇرۇشتىن جاق تويۇپ كەتتىم.

پولكوۋنىكقا ساق يېرىم سائەتكىچە يامغۇر ئۆگزىدىكى پالما يوپۇرمىقىنىڭ ئۈستىگە يېغىۋاتقاندەك، بازار يامغۇر ئاستىغا غەرق بولغاندەك تويۇلدى. كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش پۇشتىكى چېلىنغاندىن كېيىن ئۆينىڭ بىر يېرىدىن يامغۇر ئۆتۈشكە باشلىدى.

ـ بۇ ئىشنى بۇرۇنراق قىلىدىغان گەپتى،- دېدى خوتۇنى،- يەنىلا ئۆزىڭىز بېرىپ پاراڭلاشقىنىڭىز ياخشىمىكىن.

ـ ھەرقانداق ئىشنى قول سېلىپ ئىشلىسەكلا كېچىككەن بولمايمىز،- دېدى پولكوۋنىك،-يامغۇر ئۆتكەن يەرگە قاراۋېتىپ،- ئۆيىمىزنىڭ گۆرۈ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن بەلكىم ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتەر.

ـ ئۇنىڭغا تېخى يەنە ئىككى يىل بار،- دېدى خوتۇنى.

پولكوۋنىڭ چىراغنى يېقىپ يامغۇر ئۆتۈۋاتقان يەرنى تاپتى ۋە خورىزى دان يەيدىغان داسنى يامغۇر چۈشۋاتقان يەرگە قويۇپھۇجرىغا قايتىپ كىردى. ئارقىدىن خېلىغىچە يامغۇر تامچىسىنىڭ تىرىسلاپ چۈشىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇردى.

ـ ئۇلار پۇل تېپىش ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ ئىشنى بىرىنچى ئايدىن بۇرۇن ھەل قىلىۋېتىشى مۇمكىن،- دېدى پولكوۋنىك ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ،- ئۇ چاغدا ئاۋگوستنىڭمۇ يىلى توشىدۇ، بىزمۇ ۆىنوخانىغا بارالايمىز.

خوتۇنى پىخىلداپ كۈلدى:

ـ مەن ھازىر كارتون فىلىملىرىنىمۇ ئېسىمدە تۇتالمايدىغان بولۇپ قالدىم.

پولكوۋنىك پاشىلىقنىڭ ئىچىدىن خوتۇنىغا قاراپ قويدى:

ـ ئاخىرقى قېتىم كىنوغا بارغان ۋاقتىڭىز قاچان؟

ـ 1931-يىلى،- دېدى خوتۇنى،- ئۇ «ئۆلۈكنىڭ ئارزۇسى» دېگەن كىنو ئىدى.

ـ ئېلىشىدىغان كىنومىكەن؟

ـ ئېنىق بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ئۇ كىنودا، ئالۋاستى قىزنىڭ بۇلاپكىسىنى ئېلىپ قاچماقچى بولغاندا قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىدىغان بىر كۆرۈنۈش بار.

ئەر- خوتۇن تىرىسلاپ چۈشۈۋاتقان يامغۇر ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياتقىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى. خېلىدىن كېيىن پولكوۋنىك قورسىقىنىڭ بىر ئاز بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى سەزدى، ئەمم اھولۇقۇپ كەتمىدى. ھەرھالدا ئۇ بۇ ئۆكتەبىردىنمۇ ساق – سالامەت ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى. ئۇ يۇڭ ئەدىيالدا بەدىنىنى چىڭڭىدە ئورىدى. ھايال ئۆتمەي خوتۇنىنىڭ شىرىن چۈش قوينىدا ئۈزۈۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىنلا تولىمۇ سەگەكلىك بىلەن گەپ قىلىشقا باشلىدى.

خوتۇنى ئويغىنىپ كەتتى.

ـ كىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتىسىز؟

ـ ھېچكىم بىلەن،- دېدى پولكوۋنىك،- ماكوندودا يىغىن ئاچقان ۋاقتىمىزدا پولكوۋنىك ئورېلىئانو بۇئېندىيەگە « تەسلىم بولمايلى» دېگەنىدۇق. شۇ ئىشلارنى ئەسلەپ قالدىم. تەسلىم بولۇش بىلەن ھەممە نەرسە گۇمران بولدى.

يامغۇر توپتوغرا بىر ھەپتە ياغدى. نويابىرنىڭ ئىككىنچى كۈنى خوتۇنى پولكوۋنىكنىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ يول تۇتۇپ، ئاۋگوستننىڭ قەبرىسىگە گۈل كۆتۈرۈپ باردى. ئەمما قەبرىستانلىقتىن قايتىپ كېلىپلا كېسىلى قوزغىلىپ قالدى. بۇ بىر ھەپتە نەس باسقان ئۆكتەبىردىنمۇ بەك مۈشكۈلچىلىكتە ئۆتتى. پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنىنى « بىر ھەپتىلىكىلا قالدى» دەپ ئويلىغانىدى. دوختۇر پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنىنىڭ كېسىلىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ھۇجرىدىن چىقتى- دە، ئاچچىقلاپ:

ـ بۇنداق زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىكىن، يېتىپ دەم ئالسا بولمامدۇ، ئۇ يەر بۇ يەرگە بېرىپ نېمە قويدى،- دېدى.

بۇ گەپنى دوختۇر پولكوۋنىكقا ئالايىتەن يالغۇز يەردە دېدى، يەنە كېسەلنىڭ تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەكلىكىنى تاپىلىدى.

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن پولكوۋنىكنىڭمۇ كېسىلى قوزغىلىپ قالدى، ئۇ .ىنتايىن بىئارام بولۇپ ھاجەتخانىدا بىر نەچچە سائەت زوڭزىيىپ ئولتۇردى. بەدەنلىرىدىن سوغۇق تەر قۇيۇلۇپ، ئۆزىنى ئىچ- باغرى سېسىپ بىردىن- بىردىن سوزۇلۇپ چۈشىۋاتقاندەك سەزدى. « يەنە شۇ يامغۇرنىڭ كاساپىتى» دېدى ئۇ مىجەزى يوق چاغلاردا دەيدىغان گېپىنى تەكرارلاپ، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمەي:« يامغۇر توختىسا ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دەپ ئويلىدى. پولكوۋنىك ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغانلىقىغا، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە چۇقۇم خەت تاپشۇرىۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

ئۇ بۇ قېتىم ئائىلە ئىقتىسادىنى قامداش ئۈچۈن باش قاتۇرمىسا بولمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇ كەمگىچە ئۇ چىشىنى چىشىغا چىشلەپ يېقىن ئەتىراپتىىك دۇككاندىن نەچچە قېتىم پۇل سوراپ بولغانىدى.

« كىلەر ھەپتىلا قايتۇرۇپ بېرىمەن» ئۇ ھەرقېتىم قەرز ئالغاندا شۇنداق دەيتتى، ئەمما يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆڭلىدە بىلىپ تۇراتتى. خوتۇنى ئېغىر كېسەلدىن قوپۇپ ئېرىنى كۆرگەندە قاتتىق ھەيران قالدى.

ـ توۋا، ئۇورۇقلاپ قورايدەكلا بولۇپ قاپسىزغۇ،- دېدى خوتۇنى.

ـ مەن ئوبدان سەمىرىپ ئۆزۈمنى سېتىۋېتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمەن،- دېدى پولكوۋنىك،- كلارنېت(چالغۇ ئەسۋابىنىڭ بىر خىلى ) زاۋۇتى مېنى ئالىدىغان بولدى.

ئەمەلىيەتتە پولكوۋنىك خەت كېلىدىغانلىقىغا ئۈمىد باغلاپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈنلا مۇشۇ كەمگىچە ياشاپ كەلگەنىدى. ماغدۇرىدىن كەتكەن، تالاي كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ سالامەتلىكى بەكلا ناچارلىشىپ كەتكەن پولكوۋنىك خورىزىنىڭلا ئەمەس، ئۆزىنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. نويابىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا بىر يەردىن كۆممىقۇناق تاپمىسا خورىزىنىڭ ئىككى كۈنگە قالماي ئلۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە ئىيولدا بىر باغلام يىسى پۇرچاقنى تاممەشنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ قويغانلىقىنى تۇيۇقسىز ئېسىگە ئالدى. ئۇ كاتەكنى ئېچىپ كىچىك تەلەڭگىدە بىر كەلگۈدەك قۇرۇق پۇرچاقنى خورىزىنىڭ ئالدىغا قويدى.

ـ بۇ ياققا كېلىڭچۇ،- دېدى خوتۇنى.

ـ توختاپ تۇرۇڭ،- دېدى پولكوۋنىك خورىزىنىڭ پۇرچاققا ئېتىلغانلىقىنى كۆرۈپ،-« ئاچ قالغان تاماق تاللىماپتۇ» دېگەن شۇ- دە!

پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ كارىۋاتتىن ئۆرە بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئايالىنىڭ بەدىنىدىن بىر خىل دورىنىڭ پۇرىقى كېلەتتى.

ـ بۇ توخۇنى دەرھال كۆزدىن يوقىتىڭچۇ!- دېدى خوتۇنى.

پولكوۋنىڭ ھامان شۇنداق بولىدىغانلىقىنى پەملىگەنىدى. ئۇ ئوغلى تاياقتا ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆزى خورىزىنى ئېلىپ قېلىش نىيتىگە كەلگەن ئاشۇ كۈندىن بېرى مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ كەلگەنىدى. بۇ ئىش ئۈستىدە ئويلىنىشقا يېتەرلىك ۋاقىت بار ئىدى.

ـ ئەمدى بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى،- دېدى پولكوۋنىك،- يەنە ئۈچ ئايدىن كېيىن مۇسابىقە بولىدۇ. شۇ چاغدا خورىزىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى باھادا ساتالايمىز.

ـ پۇلنىڭ گېپىنى دەۋاتقىنىم يوق،- دېدى خوتۇنى،- يىگىتلەر كەلسە، خورازنى ئېلىپ كېلىشنى ئېيتىڭ. ئۇلار خورازنى قانداق قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلسۇن.

ـ مەن بۇ خورازنى ئاۋگوستىننى دەپلا ساقلاپ كېلىۋاتىمەن،- پولكوۋنىك بۇرۇنلا ئويلاپ قويغان ئاساسنى ئوتتۇرغا قويدى،- ئوغلىمىزنىڭ خورىزىنىڭ ئۇتقانلىقىنى ئېيتقان چاغدىكى چىرايىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭچۇ.

ـ مۇشۇ نەس باسقان خوراز ئۇنىڭ بېشىغا چىقتى،- ۋارقىرىدى پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ئوغلىنى ئەسلەپ،- ئەگەر 3- يانۋار ئاۋگوستتىن ئۆيدە قالغان بولسا، بەختسىزلىككمۇ ئۇچىرمىغان بولاتتى،- ئۇ ئورۇق بارماقلىرى بىلەن دەرۋازىنى كۆرسىتىپ ۋارقىرىدى،- شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە، ئوغلۇم خورىزىنى قولتۇقىغا قىسىپ ماڭغاندا، كۆڭلۈم ئۈيگەندەك بىر شۇملۇقنىڭ بىشارىتىنى سەزگەنىدى. مەن ئوغلۇمنى توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىغا بارما دەپ توستۇم، ئەمما ئوغلۇم نارازى بولۇپ:« بولدى قىل، ئانا، چۈشتىن كېيىن بىز تازا پۇل تاپىمىز» دېگەنىدى.

پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى ماغدۇرۇدىن كېتىپ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى. پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ دۈمبىسىگە ياستۇق يۆلەۋاتقاندا، كۆزلىرى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭكىگە ئوخشايدىغان كۆزلىرى بىلەن ئۇچىرشىپ قالدى.

ـ ھەرىكەت قىلماڭ،- پولكوۋنىك شۇنداق دەۋېتىپ ئۆپكىسىدىن ئاۋاز چىقىۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇغا كېلىپ قالدى. خوتۇنى ھايال ئۆتمەيلا ئۇيقۇغا كەتتى. كۆزىنى قايتا ئاچقاندا ئۇنىڭ تىنىقى خېلى جايىغا چۈشۈپ قالغانىدى. ـ

ـ ھەممىسى  نامراتكىقىمىزدىن بولىۋاتقان ئىشلارغۇ!- دېدى ئايال،- ئۆزىمىزنى ئاچ قويۇپ، توخۇنى باقساق گۇناھ بولمامدۇ!

پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ پىشانىسىدىكى تەر تامچىلىرىنى كارىۋاتنىڭ كىرلىكىدە سۈرتۈپ:

ـ ئۈچ ئايدا ئۆلۈپمۇ قالماسمىز،- دېدى.

ـ لېكىن، شۇ ئارىلىققىچە نېمە يەيمىز؟

ـ بىلمىدىم،- دېدى پولكوۋنىك،- بىراق ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش بولسا، بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتۇق.

تەلەڭگىنى بىكارلاپ مەغرۇر بىر ھالەتتە تۇرغان خوراز پولكوۋنىكنى كۆرگەندە، بوغۇزىدىن ئادەمنىڭ پىچىرلىغىنىدەك بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. خوراز بېشىنى كەينىگە بۇرىغاندا، پولكوۋنىك مەمنۇنلۇق ئىلكىدە كۈلۈمسىرىدى:

ـ ياشىماق بەك مۈشكۈل، جانىۋار.

پولكوۋنىك ئۆيدىن چىقىپ، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا بوشاپ قالغان كوچىدا كاللىسى قۇپقۇرۇق ھالەتتە ئايلىنىشقا باشلىدى، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىشنىڭ ھەل بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىككە دەۋەت قىلىشقىمۇ رىغبىتى يوق ئىدى. پولكوۋنىك خىلۋەت كوچىدا ئۇزۇن مېڭىپ ھارغاندىن كېيىنلا ئۆيىگە قايتتى. خوتۇنى ئېرىنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ ئۇنى ھۇجرىغا چاقىردى.

ـ نېمە ئىشتى؟

خوتۇنى ئېرىگە قارىمايلا جاۋاب بەردى:

ـ سائەتنى سېتىۋېتەيلى.

پولكوۋنىك بۇ ئويغا بۇرۇنلا كېلىپ بولغانىدى.

ـ كېسىپ ئېيتالايمەن، سائەتنى ئاپارسىڭىز ئارۋالو دەرھال قىرىق پىسو بېرىدۇ،- دېدى خوتۇنى،- ئۇ تىككۈچىلىك ماشىنىسىنىمۇ ئوڭايلا سېتىۋالغانتىغۇ!

ـ ئەتە ئەتىگەندە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقاي،- دېدى پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپ.

ـ ئەتە- پەتىنى قويۇپ، سائەتنى ھازىرلا ئېلىپ بېرىڭ،- دېدى خوتۇنى،- سائەتنى ئالدىغا قويۇپ:« ئارۋالو، سائەتنى ئېلىپ كەلدىم. سىز ئېلىپ قېلىڭ» دەڭ. ئۇ نېمە سەۋەبتىن سائەتنى ساتماقچى بولغانلىقىڭىزنى دەرھال چۈشىنىدۇ.

پولكوۋنىكنىڭ كۆڭلى غەش بولدى.

ـ بۇ ئىيسانىڭ مىيىت ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كوچىدا ماڭغاندەكلا بىر ئىش ئەمەسمۇ،- دېدى پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ گېپىگە قارشى چىقىپ،- خەقلەر ئەينەك جاھازىنى كۆتۈرۈپ ماڭغىنىمنى كۆرسە،« پولكوۋنىك رافىل ئېسكارونىڭ مۇزىكا ئىشلىشىگە تازا خام ماتىريال بولغۇدەك» دېيىشمەمدۇ.

لېكىن، خوتۇنى پولكوۋنىكنى بۇ قېتىممۇ قايىل قىلدى. ئايال سائەتنى تامدىن ئېلىپ گېزىت بىلەن ئورىغاندىن كېيىن ئېرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

ـ قىرىق پىسۇنىڭ ئامالىنى قىلالمىسىڭىز قايتىپ كەلمەڭ،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىكقا.

پولكوۋنىك سائەتنى قولتۇقىغا قىسىپ ماشىنچىخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئاۋگوستىننىڭ سەبداشلىرى ئىشىك ئالدىدا ئولتۇراتتى.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى پولكوۋنىكقا ئورۇن كۆرسەتتى.

ـ رەھمەت،- دېدى پولكوۋنىك كۆڭلى بىسەرەمجان بولۇپ،- من سۇكانغا كىرمەكچى ئىدىم.

شۇ چاغدا ئاۋرالو ماشىنچىخانىدىن چىقىپ كەلدى. كارىدوردىكى ئىككى تۈۋرۈكنى ئارىسىغا تارتىلغان سىمغا بىر كاجى چاپان ئېسىلغانىدى. ئارۋالو گەۋدىسىنىڭ يوغانلىقىغا بېقىپ يېشىمۇ سەل چوڭراق كەلگەن، كۆزلىرى يېقىشلىق يىگىت ئىدى. ئارۋالو ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىۋىدى، پولكوۋنىكنىڭ يەنەروھى كۆتۈرۈلۈپ قالدى. ئو ئورۇندۇقنى ئىشىككە يۆلەپ ئولتۇرغاچ ئارۋالونىڭ يالغۇز قېلىشىنى كۈتتى. ئەمما ئۇ ئەتراپىدا تۇرغانلارنىڭ چىرايىنىڭ بۆلەكچە ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى.

ـ پارىڭىڭلارغا دەخلى قىلمايمەن،- دېدى پولكوۋنىك.

ئۇلار ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. ئارىدىن كىمدۇر بىرى ئۇنىڭغا ئازراق قەددىنى ئېگىپ ئارانلا ئاڭلانغۇدەك ئاۋازدا:

ـ ئاۋگوستىن خەت يېزىپتۇ،- دېدى.

پولكوۋنىك قۇرۇق كوچىغا قاراپ قويۇپ:

نېمە بوپتۇ؟- دەپ سورىدى.

ـ يەنە شۇ ئادەتتىكى گەپلەر.

ئۇلار پولكوۋنىكقا بىر پارچە يەر ئاستى تەشۋىقات ۋەرەقىسىنى بەردى. پولكوۋنىك ئۇنى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سالغاندىن كېيىن بامىقى بىلەن بولاقنى يېنىك چىكىپ بىر چەتتە ئۈندىمەي تۇردى. ئارىلىقتا بىر يىگىت بولاقنى كۆرۈپ قالدى. بۇ ھال ئۇنى ئىختىيارسىز چۆچۈتىۋەتتى.

ـ يوشۇرۇپ تۇرغىنىڭىز نېمە ، پولكوۋنىك؟

ـ ھېچنىمە،- پولكوۋنىك ھېرماننىڭ ئۆتكۈر يېشىل كۆزلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يالغان ئېيىتتى،- مەن سائىتىمنى ھېلىقى گىرمانىيەلىككە ياساتقىلى ئەكەلگەنىدىم.

ـ ئەخمەق بولماڭ، پولكوۋنىك،ـ دېدى ھېرمان پولكوۋنىكنىڭ قولىدىن بولاقنى ئېلىشقا تىرىشىپ،- توختاڭ، ئۇنى مەن كۆرۈپ باقاي.

پولكوۋنىك رەت قىلدى. قاپاقلىرى قارىيىپ گەپ سۆز قىلماي ئولتۇردى. باشقىلارمۇ بولاقنى كۆرسىتىڭ دەپ تۇرىۋالدى.

ـ ھېرمان كۆرۈپ باقسۇن، ئۇ بۇنداق نەرسىلەرنىڭ تىلىنى بىلىدۇ.

ـ بولدى، ئۇنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمەي.

ـ ئاۋارە بولىدىغان ئش يوق،- دېدى ھېرمان پولكوۋنىكقا گەپ بەرمەي ۋە ئۇنىڭ قولىدىن سائەتنى ئېلىۋېتىپ،- گىرمانىيلىككە بەرسىڭىز، ئون پىسو ئېلىپ سائىتىڭىزنىڭ ھېچ يېرىگە تەگمەيلا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

ھېرمان سائەتنى ئېلىپ ماشىنچىخانىغا كىردى. ئارۋالو ماشىنىنىڭ ئالدىدا كىيىم تىكىپ ئولتۇراتتى. ئۆينىڭ ئىچكىرسىدىكى تامغا بىر گىتار ئېسىپ قويۇلغانىدى. ئۇ يەردە بىر قىز كىيىمگە تۈگمە قاداۋاتاتتى. گىتارنىڭ ئۈستىگە چاپلانغان قەغەزگە:« سىياسىي توغرۇلۇق پاراڭ قىلماڭ» دەپ يېزىلغانىدى. پولكوۋنىك ئۆزىنى ھېلىلا يىقىلىپ كېتىدىغاندەك سېزىپ، پۇتىنى ئورۇندۇقنىڭ توغرا ياغىچىغا ئېلىۋالدى.

ـ بولدى،- بىر پەستىن كېيىن ئۆينىڭ ئىچىدىن قوڭغۇراق ئاۋازى بىلەن تەڭ ھېرماننىڭ ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى. يەنە بىر ئۆيدە بىر ئايال تامنى ئۇرۇپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:

ـ گىتار چالماڭلار، ئاۋگوستىننىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە تېخى يىل توشمىغان تۇرسا!

ئولتۇرغانلار پاراققىدە كۈلۈۋېتىشتى.

ـ گىتارنىڭ ئەمەس، سائەت قوڭغۇرقىنىڭ ئاۋازى.

ھېرمان سائەت يۆگەلگەن بولاقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى.

ـ سائەتنىڭ ھېچقانداق چاتىقى يوقكەنغۇ،- دېدى ھېرمان،- خالىسىڭىز سىز بىلەن بىللە بېرىپ سائەتنى تامغا ئېسىشىپ بېرەي.

پولكوۋنىك ھېرماننىڭ ياخشى نىيتىنى سىلىق رەت قىلدى.

ـ گەدىنىمدە قانچىلىك پۇل قالدى؟

ـ بۇ گەپنى دېيىشمەيلى، پولكوۋنىك،- دېدى ھېرمان ئولتۇرىۋېتىپ،- يانۋاردا ئۇنى خورىزىڭىز تۆلىۋېتىدۇ.

بۇ گەپ بىلەن پولكوۋنىڭ دەرھال قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى تېپىۋالدى.

ـ سىزگە بىر ئىشنى دېمەكچىدىم،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ نېمە ئىش؟

ـ خورازنى سىزگە بېرەي،- پولكوۋنىك ئەتراپتا ئولتۇرغانلارنىڭ چىرايىغا قارپا قويدى،- مەن خورازنى سىلەرگە بېرىۋېتەي دەيمەن.

ھېرمان چۈشىنەلمىگەندەك قىياپەتتە پولكوۋنىكقا يالىتتىدە قارىدى.

ـ يېشىم چوڭىيىپ قالدى، ئۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا ماس كەلمەيمەن،- دېدى پولكوۋنىك ئارقىدىنلا ئاۋازىنى كەسكىن، قايىل قىلارلىق چىقىرىشقا تىرىشىپ،- يەلكەمدىكى يۈك بەك ئېغىرلاپ كەتتى. بىر نەچچە كۈن بولدى، بىچارە خوراز ماڭا ئۆلۈپ قالىدىغاندەكلا تۇيۇلىۋاتىدۇ.

ـ ئەنسىرىمەڭ، پولكوۋنىك،- دېدى ئافانسو،- چۈنكى بۇ توخۇلارنىڭ تۈك تاشلايدىغان پەسلى. تۈك تۆشۈكچىلىرى ياللۇغلانغان بولسا كېرەك.

ـ كېيىنكى ئايدا ياخشى بولۇپ قالىدۇ،- دېدى ھېرمان جەزىملەشتۈرۈپ.

ـ نېمىلا بولسۇن، ماڭا ئەمدى خورازنىڭ كېرىكى يوق،- دېدى پولكوۋنىك.

ھېرمان پولكوۋنىكنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلمەكچى بولغاندەك كۆزلىرىنى چەكچەيتتى.

ـ ئىشنىڭ ماھىيتىگە قارىشىڭىز كېرەك، پولكوۋنىك،- دېدى ھېرمان تەكىتلەپ،- مۇھىمى، ئاۋگوستىننىڭ خورىزىنى توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىغا ئۆزىڭىز ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك.

پولكوۋنىك بىرئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى.

ـ بۇنى بىلىمەن،- دېدى ئۇ،- خورازنى ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىشىمدىكى سەۋەبمۇ شۇ،- پولكوۋنىك چىشىنى چىڭ چىشلەپ شۇنداق دېدى، ئاندىن ئۆزىنى ۋۇجۇدىغا يېڭى كۈچ قوشۇلغاندەك سېزىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- چاتاق يېرى، توخۇ سوقۇشتۇرۇشقا يەنە ئۈچ ئاي بار- دە!

بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ھېرمانلا چۈشەندى.

ـ يالغۇز شۇ سەۋەبتىنلا بولسا، ھېچ ئىش يوقكەنغۇ،- دېدى ئۇ.

ھېرامان بۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىسدا ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇۋىدى، ئۇنىڭ پىكرىنى باشقىلار قوبۇل قىلدى. كەچتە پولكوۋنىك بولاقنى قولتۇقىغا قىستۇرغىنىچە ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، خوتۇنى ئويلىغىنىدەك ئىش بولمىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ـ ھېچقانداق نەرسىنىڭ ئامالىنى قىلالمىدىڭىزمۇ؟- سورىدى ئايال.

ـ ئامالىنى قىلالمىدىم،- دېدى پولكوۋنىڭ،- لېكىن ئەمدى خورىزىمىزدىن ئەنسىرمىسەكمۇ بولىدۇ. ئۇنى بېقىشقا يىگىتلەر مەسئۇل بولىدىغان بولدى.

تۇغقىنىم، توختاپ تۇرۇڭ. سىزگە بىر كۈنلۈك بېرىپ تۇراي.

دون سارۋاس تام ئىشكاپنى ئاچتى ۋە ئىچىدە بىر باغلام ئۆتۈك، ئۈزەڭگە، تۆشباغ ۋە لىق گۈلئەنبەر قاچىلانغان بىر قوغۇشۇن كوزىنى كۆردى. ئىشكاپنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىگە كۈنلۈك ۋە بىر ئايالچە زونتېك ئېسىلغانىدى. پولكوۋنىك بىر قېتىملىق بالايىئاپەتنىڭ كەلتۈرگەن بۇزغۇنچىلىقلىرىنى ئەسكە ئالدى.

ـ رەھمەت، تۇغقىنىم،- دېدى پولكوۋنىك بىلىكىنى دەرىزىگە تىرەۋېتىپ،- يامغۇر توختىغاندىن كېيىنلا ماڭاي.

دون سارۋاس تام ئىشكاپنى ياپماي، يېزىق ئۈستىلىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. شامالدۇرغۇچتىن چىقىۋاتقان سالقىن شامال ئۇنىڭغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. بىر ئازدىن كىيىن تارتمىدىن پاختىغا ئورالغان بىر شىپرىسنى ئالدى. پولكوۋنىك سىمىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇردا كۈل رەڭ ئۆرۈك دەرىخىگە قاراپ ئولتۇراتتى. ئەتراپ شۇنچىلىك جىمجىت، كوچىدا بىرمۇ ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى.

ـ بۇ دەرىزىدىن قارىغاندا يامغۇر ئادەمنىڭ كۆزىگە باشقىچىلا كۆرۈنىدىكەن،- دېدى پولكوۋنىك،- خۇددى باشقا بازادا يامغۇر يېغىۋاتقاندەك.

ـ  مەيلى نەدە قارايلى، يامغۇر يەنە شۇ يامغۇر پېتى ياغىۋېرىدۇ،- دېدى دون سارۋاس پولكوۋنىكنىڭ گېپىگە رەددىيە بېرىپ،- ئەجەبمۇ بىر نەس باسقان بازار بولدىغۇ بۇ!

پولكوۋنىك مۈرىسىنى ككتۈرۈپ قويۇپ ئىشخانا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. يېشىل كاھىش يتقۇزۇلغان بۇ چوڭ زالغا قېنىق رەڭدىكى ھەرخىل قاپلار كىيگۈزۈلگەن ئۆي جاھازىلىرى تىزىلغانىدى. زالنىڭ ئىچكىرسىگە بولاق تۇز، ھەسەل قاچىلانغان تۇلۇم ۋە ئات ئىگىرى قالايمىقان تاشلاپ قويۇلغانىدى. دون سارۋاس تولىمۇ سوغۇق بىر نەزەردە پولكوۋنىكقا تىكىلىپ تۇراتتى.

ـ سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن بولغان بولسام، بۇنداق ئويلىمىغان بولاتتىم،- دېدى پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك ئىككى پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ بەخىرامان بىر ھالەتتە يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان دون سارۋاسقا قارىدى. پاكار، جۇغى كىچىك كەلگەن دون سارۋاسنىڭ كۆزلىرىدە بىر ھەسرەت ئۇچقۇنى ئەلەڭگىپ ئۆتتى.

ـ دوىتۇرغا كۆرۈنۈڭ، تۇغقىنىم!- دېدى دون سارۋاس،- دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ كۆزۈمگە غەمكىن كۆرۈنىىغان بولۇپ قالدىڭىز.

ـ مەن بىر ئوبدان تۇرىمەنغۇ،-دېدى پولكوۋنىك بېشىنى كۆتۈرۈپ.

دون سارۋاس شىپىرىسنىڭ قاينىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى.

ـ مەنمۇ سىزگە ئوخشاش بۇ گەپنى قورقماي دېيەلىگەن بولسام، نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى –ھە!- دېدى ئۇ ھەسرەت بىلەن،- سىز تولىمۇ بەخىتلىككەنسىز! مىس ئۈزەڭگىنى يەۋەتسىڭىزمۇ ھېچنىمە بولمايسىزغۇ دەيمەن.

دون سارۋاس قارامتۇل سەپكۈن بېسىپ كەتكەن يۇڭلۇق قوللىرىغا قارىدى. قولىغا توي ئۈزۈكى بىلەن قارا قاشتېشىدىن ياشالغان يەنە بىر ئۈزۈكنى تاقىۋالغانىدى.

ـ توغرا ئېيتىسىز،- دېدى پولكوۋنىك ئۇنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ.

دون سارۋاس خەۋەرلىشىش بۆلۈمىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ خوتۇنىنى چاقىردى، ئارقىدىن ئۆزىنىڭ قانداق يىمەكلىكلەرنى يەيدىغانلىقىنى ھەسرەت بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. كۆڭلىكىنىڭ يانچۇقىدىن كىچىك بىر قۇتىنى ئېلىپ، ئىچىدىن يېسى يۇپۇرماق چوڭلۇقتىكى بىر ئاق دورا تابلېتكىسىنى يېزىق ئۈستىلىگە چۈشۈردى.

ـ نەگە بارسام بۇنى ئېلىۋالىمەن. شۇنداق قىينالدىمكى،- دېدى دون سارۋاس،- خۇددى ئۆزۈمنى ئەزرائىل ئىچىمگە كىرىۋالغاندەكلا سېزىمەن.

پولكوۋنىك يېزىق ئۈستىلىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە دورىنى ئالقىنىغا ئېلىپ تەپسىلىي كۆزەتتى. دون سارۋاس ئۇنى دورىنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى.

ـ بۇ دورا قەھۋەگە تاتلىق تەم كىرگۈزىدۇ،- دېدى دون سارۋاس پولكوۋنىكقا چۈشەندۈرۈپ،- قەنتنىڭ رولىنى ئوينايدۇ، ئەمما بۇنىڭدا قەنت تەركىبى يوق.

ـ راستكەن،- دېدى ئاغزىدا تىلنى يارغۇدەك تاتلىق تەم قالغان پولكوۋنىك.

خوتۇنى ئوكۇلنى ئۇرۇپ قويغاندىن كېيىن دون سارۋاس بىلىكىنى شىرەنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئىككى مەڭزىنى ئالقانلىرىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ئولتۇردى. پولكوۋنىك قانداق قىلىشنى بىلمەيتتى. دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى شامالدۇرغۇچنى ئېتىپ قويدى ۋە تام ئىشكاپ تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

ـ كۈنلۈكنىڭ ئۆلۈم بىلن ئازراق مۇناسىۋىتى بارمىكىن دەيمەن،- دېدى دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى.

پولكوۋنىك ئايالىنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلمىدى. ئۇ پوچتا پاراخوتىنى كۈتۈش ئۈچۈن سائەت تۆت بولا- بولمايلا ئۆيدىن چىقىۋالغانىدى. ئەمما ئارىلىقتا يامغۇر يېغىپ كېتىپ دون سارۋاسنىڭ ئىشخانىسىدا بىردەم دالدىلىنىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. پوچتا پاراخوتى گۈدۈك چالغاندا، يامغۇر تېخى توختىمىغانىدى.

ـ ھەممە ئادەم ئۆلگۈچىنى ئايال كىشىكەن دېيىشىدىغۇ،- دېدى دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ. ئۇ بويى ئېرىنىڭكىدىنمۇ ئېگىز، تەندۇرۇس، ئۈستۈنكى لىۋىدە تۈكلۈك سۆگىلى بار، گەپ قىلغاندا بۆلەكچە ھاسىراپ سۆزلەيدىغان ئايال ئىدى،- مېنىڭچە ئايال كىشى ئەمەسمىكىن،- ئۇ شۇنداق دېگەچ تام ئىشكاپنى ياپتى ۋە كەينىگە  بۇرۇلۇپ پولكوۋنىكنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى- دە، مەسلىھەت تەرىقىسىدە،- مېنىڭچە ئۇ يىرىتقۇچ چاڭگىلى بار مەخلۇقمىكىن،- دېدى.

ـ بەلكىم،- دېدى پولكوۋنىك ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ،- بەزىدە تۇرمۇشتا ئاشۇنداق غەلىتە ئىشلارمۇ يۈز بېرىدۇ.

« شۇ تاپتا پوچتىكەش يامغۇرلۇقنى كىيىپ پاراخوتقا سەكرەپ چىقىۋاتقاندۇ» دەپ ئويلىدى پولكوۋنىك. ئۇنىڭ ئادۋوكات ئالماشتۇرغىنىغا بىر ئاي بولغانىدى. شۇڭا جاۋاب خەت كۈتۈشكە تامامەن ھەقلىق ئىدى. ئۆلۈك توغرىلىق قىزىشىپ سۆزلەۋاتقان ئايال پولكوۋنىكنىڭ بۆلەكچە بىر ھالەتتە تۇرغانلىقىنى سەزگەندىن كىيىن گەپتىن توختىدى.

ـ تۇغقىنىم، كۆڭلىڭىزدە بىرەر غەم- ئەندىشە باردەك قىلىدۇ- ھە.

پولكوۋنىك شۇ چاغدىلا خىيالدىن ئويغاندى.

ـ توغرا ئېيتىسىز، تۇغقىنىم،- ھاىر سائەت بەش بولدى، ئەمما توخۇغا تېخى ئوكۇل ئۇرۇلمىدى. مۇشۇ ئىش كاللامغا كىرىۋېلىپ بارىدۇ.

پولكوۋنىكنىڭ گېپى ئايالغا بەكلا غەلىتە بىلىندى.

ـ توخۇغىمۇ ئادەمگە ئوخشاش ئوكۇل ئۇرىدىغان گەپمۇ!-دېدى ئايال ئۈنلۈك ئاۋازدا،- بۇ ئۇلۇغ تەڭىرنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزگەنلىك ئەمەسمۇ؟

ئەمدى سەۋر قاچىسى توشقان دون سارۋاس پوكاندەك قىزىرىپ خوتۇنىغا بۇيرۇق قىلدى.

ـ بىردەم ئاغزىڭنى باسساڭچۇ!

ئايال ئاغزىنى راستىنلا ئىككى قولى بىلەن يېپىۋالدى.

ـ تولا قۇرۇق گەپ قىلىپ تۇغقىنىمنى يېرىم سائەت گالۋاڭ قىلدىڭ.

ـ كېرەك يوق،- دېدى پولكوۋنىك.

ئايال ئىشىكنى گۈپپىدە يېپىپ چىقىپ كەتتى. دون سارۋاس قويۇق كوكات ھىدى كېلىپ تۇرغان قولياغلىقتا بوينىنى سۈرتتى. پولكوۋنىك دېرىزىنىڭ ئالدىغا كەلدى. يامغۇر يەنە قاتتىق يېغىۋاتاتتى. پاچاقلىرى ئۇزۇن بىر سېرىق مېكىيان ئادەمزاتىسز مەيداندىن ئۆتتى.

ـ راستىنلا توخۇغا ئوكۇل ئورۇۋاتامسىز؟

ـ ھەئە،- دېدى پولكوۋنىك،- مەشىق كېلەر ھپتە باشلىنىدۇ.

ـ بۇ ياخشى ئىش ئەمەس،- دېدى دون سارۋاسس،- سىز بۇنداق ئىشنى قىلىشقا ئەمدى ماس كەلمەيسىز.

ـ دۇرۇس،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ بۇ ئەخمەقلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى،- دېدى دون سارۋاس دېرىزە تەرەپكە مېڭىۋېتىپ. پولكوۋنىك تىنىقىنىڭ بەكلا ئىتتىكلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى. دون سارۋاس ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغاندەك قاراپ قويدى.

ـ نەسىھىتىمنى ئاڭلاڭ، تۇغقىنىم،- دېدى دون سارۋاس،- ئۇ خورازنى دەرھال سېتىۋېتىڭ. بولمىسا كېچىكىپ قالىسىز.

ـ ھەرقانداق ئىشنى قىلساقلا كېچىككەن بولمايمىز،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ تەتۈرلۈك قىلماڭ دەيمەن،- دېدى دون سارۋاس گېپىدە چىڭ تۇرۇپ،- بۇ سودىنى قىلسىڭىز بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقالايسىز ھەم بېشىڭىزغا بالا بولىۋاتقان بىغەرەز خورازنى كۆزدىن يوقىتالايسىز ھەم توققۇز يۈز پىسونى چۆنىتىكىڭىزگە سالالايسىز.

ـ توققۇز يۈز پىسو!- پولكوۋنىك ھەيرانلىق ئىلكىدە توۋلىۋەتتى.

ـ ھەئە، توققۇز يۈ پىسو.

پولكوۋنىك بۇنىڭ قانچىلىك پۇل ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

ـ ئۇ خورازنى كىم شۇنچە جىق پۇلغا ئالىدۇ دەيسىز؟

ـ چۇقۇم ئالىدۇ،- دېدى دون سارۋاس،- مېنىڭ يۈزدە يۈز ئىشەنچىم بار.

پولكوۋنىك ئىنقىلاب خىراجىتى تاپشۇرغاندىن بۇيان بۇنداق جىق ساننى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى. دون سارۋاسنىڭ ئىشخانىسىدىن چىققاندا، پولكوۋنىكنىڭ قورسىقى قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىپ كەتتى. ئەمما ئۇ ھاۋانىڭ تەسىرىدىن شۇنداق بولىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەتتى. ئۇ پوچتىخانىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇدۇللا:

ـ مەن بىر جىددىي خەتنى كۈتىۋاتىمەن، ئايروپىلاندا كەلمەكچىدى،- دېدى پوچتىكەشكە.

پوچتىكەش خەت ساندۇقىنى ئاقتۇرغاندىن كېيىن كونۋېرتتىكى ئىسىملارنى بىر- بىرلەپ ئوقۇپ، خەتلەرنى ئايرىم ساندۇقلارغا سېلىپ قويدى. ئەمما بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. قولىدىكى چاڭ- توزانلارنى قېقىۋەتكەندىن كېيىن پولكوۋنىكقا مەنىلىك قاراپ قويدى.

ـ بۇ خەت چوقۇم قولۇمغا تېگىشى كېرەك،- دېدى پولكوۋنىك.

پوچتىكەش مۈرىسىنى چىقىرىپ قويدى.

ـ ئەمدى ئالدىڭىزغا كېلىدىغان بىردىنبىر نەرسە ئەجەل، پولكوۋنىك!

خوتۇنى كۆممىقۇناق ئۇۋۇندىلىرى سېلىنغان بىر تەخسىنى پولكوۋنىكنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. جىممىدە قورسىقىنى گولداۋاتقان پولكوۋنىك كۆمىقۇناق ئۇۋىقىدىن ھەربىر قوشۇق ئېلىپ توختايتتى ۋە چۇڭقۇر ئويغا چۆمەتتى. خوتۇنى ئۆيدە قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سېزىپ پولكوۋنىكنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇردى.

ـ سىزگە نىمە بولدى؟- سورىدى خوتۇنى.

ـ مەن ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ياردەم پۇلىنى تارقىتىش ھوقوقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ھېلىقى ئەمەلدارنى ئەسلەۋاتىمەن،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەللىك يىلدىن كېيىن بىر يەر ئاستىدا خاتىرجەم ياشاۋاتقان بولىمىز، ئەمما ئۇ بىچارە بايقۇش ھەر جۈمە كۈنى قاتتىق رىيازەت چېكىپ، پىنسىيە پۇلىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان بولىدۇ.

ـ بۇ شۇملۇقنىڭ بىشارىتى،- دېدى خوتۇنى،- سىز بۇ گەپچە ئۆلۈمنى كۈتىۋېتىپسىز-دە!- خوتۇن شۇنداق دەپ كۆممىقۇناق ئۇۋىندىلىرىنى يېيىشكە باشلىدى، ئەمما ھايال ئۆتمەي ئېرىنىڭ تېخىچە چۇڭقۇر خىيالدا تۇرغانلىقىنى سەزدى.

ـ ئاۋۋال ئالدىڭىزدىكىنى يەپ تۈگىتىڭچۇ.

ـ بەك يېيىشلىككەن،- دېدى پولكوۋنىك،- قەيەردىن ئەكەلدىڭىز بۇنى؟

ـ بۇمۇ خورىزىمىزنىڭ ئىلتىپاتى،- دېدى خوتۇنى،- يىگىتلەر خورازغا بىر مۇنچە كۆممىقۇناق ئەكەپتۇ. ھازىرچە ئۇنى خوراز بىلەن تەڭ يەپ تۇرارمىز. تۇرمۇش دېگەن شۇ.

ـ راسىت ئېيتىسىز،- دېدى پولكوۋنىك ئۇھسىنىپ،- تۇرمۇش كىشىلەر ئىجاد قىلغان ئەڭ ياخشى نەرسە.

پولكوۋنىك مەشنىڭ جازىسىغا باغلاپ قويۇلغان خورازغا قاراۋېتىپ، ئۇنىڭ بىر يەرلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى سەزدى. خوتۇنىمۇ خورازغا لاپپىدە قاراپ قويدى.

ـ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەن ئىلاجنىڭ يوقىدىن ئۇ بالىلارنى ھەيدىۋەتتىم،- دېدى خوتۇنى،- ئۇلار بىر قېرى مېكىياننى ئەكىلىپ خورازغا چېتشتۇرىۋاتىدۇ.

ـ بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىشمۇ ئەمەسقۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- بۇ ھەرقايسى بازاردىكىلەرنىڭ پولكوۋنىك ئوررلىئانو بۇئېندىيەگە خۇشامەت قىلىش ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىغا ئوخشاشلا بىر ئىش. ئۇ چاغدا كىشىلەر دائىم ياش قىزلارنى ئەكىلىپ پولكوۋنىكقا سولاپ بېرەتتى.

خوتۇنىغا پولكوۋنىك دەۋاتقان ئىشلار بەك كۈلكىلىكتەك، تېتىقسىزدەك بىلىنىپ كەتتى. خورازنىڭ كېكىردىكىدىن چىقىۋاتقان ئاۋاز بىېسى پىچىرلاپ سۆزلەۋاتقاندەك كارىدوردىمۇ ئاڭلاندى.

ـ گاھىدا بۇ خوراز ماڭا ھېلىلا سۆزلەپ سالىدىغاندەكلا تۇيۇلىدۇ،- دېدى خوتۇنى. پولكوۋنىك خورازغا لاپپىدە قارىدى.

ـ بىزنىڭ قولىمىزدا خورازدىن باشقا پۇلغا يارىغۇدەك بىر نەرسە يوق،- دېدى پولكوۋنىك ۋە بىر قوشۇق كۆممىقۇناق ئۇۋىندىسىنى ئاغزىغا سالدى،- خورازنى ساتقان پۇلغا ئۈچ يىل جېنىمىزنى جان ئېتەلەيمىز.

ـ قۇرۇق خىيالنى يېگىلى بولمايدۇ،- دېدى خوتۇنى.

ـ يېگىلى بولمىغان بىلەن ئۇنىڭدا ئاچلىقنى باسقىلى بولىدۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- بۇ تۇغقىنىمىز سارۋاسنىڭ سىرلىق دورىسىغا ئازراق ئوخشاپمۇ قالىدۇ.

شۇ كېچىسى پولكوۋنىك كىرپىك قاقماي چىقتى. ھېلىقى ساننى كاللىسىدىن چېقىرۋېتىشكە خېلى تىرىشىپ باقتى. ئەتىسى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا خوتۇنى ئىككى تەخسە كۆممىقۇناق ئۇۋۇندىسىنى كۆتۈرۈپ كەلدى ۋە ئكزىنىڭ تەخسىسىدىكىنى جىممىدە يەپ تۈگەتتى. پولكوۋنىك ۋۇجۇدىدا تولىمۇ ئاچچىق بىر سېزىمنىڭ يامراۋاتقانلىقىنى سەزدى.

ـ نېمە بولدى؟

ـ ھېچنىمە،- دېدى خوتۇنى.

ئەمدى خوتۇنىنىڭ يالغان سۆزلەشكە چۈشكەنلىكىنى سەزگەن پولكوۋنىك ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرمەكچى بولۇۋىدى، خوتۇنى « ھېچ ئىش يوق» دەپ كۆڭلىدىكىنى ئېيتماي تۇرىۋالدى.

ـ باشقا ھەيران قالغۇدەك ئىشمۇ يوق،- دېدى خوتۇنى،- ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت بوپتۇ. لېكىن مەن تېخىچە ماتەم بىلدۈرۈشكە بارماپتمەن. مۇشۇ ئىش كاللامغا كىرىۋېلىپ بارىدۇ.

شۇ كۈنى كەچتە ئايال ماتەم بىلدۈرۈشكە باردى. پولكوۋنىك ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىگە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىشىپ بەردى. كېيىن ئاۋاز ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئۆزى يالغۇز كىنوخانا تەرەپكە ماڭدى. پوپ ئانفېل ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا يىگىرمە قېتىم قوڭغۇراق چالغىنىدىن كېيىنلا كىلىشكە باشلىغان كىشىلەرگە قاراپ ئولتۇراتتى. كىنوخانا ئىشىكىنىڭ ئالدىغا تارتىلغان رەڭگارەڭ چىراغلار، قۇلاقنى يارىدىغان مۇزىكىلار، بالىلارنىڭ قىقاس- چۇقانلىرى پوپنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇۋاتاتتى. بىر بالا ياغاچتا ياسالغان بىر ئوۋ مىلتىقىدا پولكوۋنىكقا تەھدىد سېلىشقا باشلىدى.

ـ خورىزىڭىز قانداق بولدى، پولكوۋنىك،- دېدى ئۇ مۇتەھەملەرچە.

پولكوۋنىك ئىككى قولىنى كۆتۈردى.

ـ خوراز ئۆز جايىدا.

كىنوخانىنىڭ ئۇدۇل تېمىنى تۆت خىل رەڭدە يېزىلغان يوغان بىر ئېلان بىرلا ئالغانىدى. ئېلانغا:« كېچىدىكى بۈۋى مەريەم» دېگەن خەت يوغان قىلىپ يېزىلغان، يەنە ئۇچىسىغا ئۇسسۇل كىيمى كىيگەن، يوغان پاچاقلىرى ئېچىلىپ قالغان بىر ئايالنىڭ رەسمى سىزىلغانىدى.

پولكوۋنىك يېقىن ئەتراپتا خېلى ئۇزۇن ئايلىنىپ، گۈلدۈرماما ئارىلاش چاقماق چاققاندىن كېيىنلا خوتۇنىنى ئىزدەپ ماڭدى.

خوتۇنى ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىدىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۆيىدىمۇ يوق بولۇپ چىقتى. «بىردەمگىچە كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش پۇشتىكى چېلىنىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى پولكوۋنىك.قوڭغۇراق سائەت توختاپ قالغانىدى. ئۇ خوتۇنىنى كۈتىۋېتىپ، خۇددى قاتتىق جۇدۇن بازارغا شىپىقاپ كىلىۋاتقاندەك بىر ھېسىيات ئىچىدە سىرتقا يەنە بىر قېتىم چىقماقچى بولۇپ تۇرىۋىدى، خوتۇنى كىرىپ كەلدى.

پولكوۋنىك خورىزىنى ھوجرىغا ئەكىردى.خوتۇنى سۇ ئىچىش ئۈچۈن تۆر ئۆيگە ماڭدى.پولكوۋنىك ۋاقىتنى توغىرلىماقچى بولۇپ كېچىدە مېڭىشنى مەنئىي قىلىش پۇشتىكىنىڭ چېلىنىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى.

ـ بايا نەلەردە يۈردىڭىز؟- سورىدى پولكوۋنىك.

ـ ئاشۇ يەردە،- ئايال ئېرىگە قارىماي ئىستاكاننى كۈپكە تاشلىدى، كەينىگە بۇرۇلۇپلا ھوجرىغا كىرپ كەتتى.

ـ يامغۇرنىڭ بۇنداق بالدۇر يېغىشىنى كىم بىلدى؟- دېدى پولكوۋنىك. ئۇ پۇشتەك چېلىنغان ھامان سائەتنى ئون بىرگە توغىرلىدى ۋە ئەينەك جازىسىنى ياپقاندىن كېيىن ئورۇندۇقنى ئەسلىدىكى جايىغا قويۇپ قويدى. خوتۇنى تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى.

ـ گېپىمگە تېخى جاۋاب بەرمىدىڭىز،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ قايسى گېپىڭىزنى؟

ـ بايا نەلەردە يۈردىڭىز دەپ سوراۋاتىمەن.

ـ ئاشۇ يەردە پاراڭ بىلەن ئولتۇرۇپ قالدىم،- دېدى خوتۇنى،- كوچىغا چىقمىغىنىمغا ئۇزۇن بوپتىكەن.

پولكوۋنىك ئاسما كارىۋاتنى ئېسىپ، دەرۋازىنى تاقىغاندىن كېيىن ئۆيىگە ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسىنى چاچتى، ئاندىن لامپىنى يەرگە قويۇپ كارىۋىتىغا چىقىپ ياتتى.

ـ سىزنى چۈشىنىمەن،- دېدى پولكوۋنىك كۆڭلى بۇزۇلۇپ،- مۇھتاجلىقتا ئادەم زادى يالغان ئېيتىشتىن خالىي بولالمايدىغۇ.

پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى چۇڭقۇر تىنىپ قويدى.

ـ بايا پوپ ئانفېلانىڭكىدە بىردەم ھايالشپ قالدىم،- دېدى ئۇ،- ئۇنىڭدىن ئۈزىكىزمى رەنىگە قويۇش بەدىلىگە ئازراق پۇل بېرىپ تۇرۇشنى ئۆتۈندۈم.

ـ ئۇ نېمە دېدى؟

ـ مۇقەددەس نەرسىلەر ئۈستىدە گۇناھ بولىدۇ،- دېدى.

ـ ئىككى كۈن ئىلگىرى سائەتنى سېتىۋېتەيمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم،- دېدى ئايال پاشىلىق ئىچىدە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇرپ،- ئەمما ئۇنى ئېلىشقا ھېچكىم قىزىقمىدى.چۈنكى، ھازىر پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش شەرتى بىلەن ھەرخىل زامانىۋىي فوسفور سائەتلەر سېتىلىۋېتىلىپتۇ. ئۇنداق سائەت ئىچىدە يانىدىكەن.

پولكوۋنىك خوتۇنى بىلەن ئاچلىق، جاپا- مۇشەققەتنىڭ دەردىنى تەڭ تارتىپ قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى تېخىچە تولۇق چۈشەنمىگەنلىكىنى شۇ چاغدىلا سەزدى. ئۇنىڭغا مۇھەببەتكە مۇناسىۋەتلىك قانداقتۇر بىر نەرسىمۇ قېرىۋاتقاندەك تۇيۇلىۋاتاتتى.

ـ بۇ رەسىمنى ئالىدىغان ئادەممۇ چىقمىدى،- دېدى پولوۋنىكنىڭ خوتۇنى،- بۇنداق رەسىم ھەممە ئادەمنىڭ ئۆيىدە بار ئوخشايدۇ، ھەتتا مەن بارمىغان تۈركلەر ئولتۇراق رايونىمۇ قالمىدى.

پولكوۋنىكنىڭ چىرايىدا ئازاپلىق ئىپادە پەيدا بولدى.

ـ ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قېلىۋاتقانلىقىمىزنى ھەممە ئادەم بىلىپ بوپتۇ.

ـ تارتقۇلۇقنى يەتكۈچە تارتتىم،- دېدى ئايال،- سىلەر ئەرلەر ئۆينىڭ ئىشلىرىنى بىلمەيسىلەر، قازان قايناتمىغىنىمىزغا خېلى كۈنلەر بولغانلىقىنى قوشنىلارغا بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن، قازانغا تاش سالغان چاغلىرىممۇ بولدى.

ـ ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىشقۇ بۇ!- دېدى پولكوۋنىك ئۆز- ئۆزىدىن ھارسىنىپ.

پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى پاشىلىقتىن چىقىپ ئاسما كارىۋاتقا قاراپ ماڭدى.

ـ بولدى، ئەمدى خەق كۆرمىسۇن دەپ ئۆزىمىزنى قىينايدىغان ئىشلارنى قىلمايلى،- ئايالنىڭ ئاۋازى ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ كەتتى،- بۇنداق كۈندىن تويدۇم.

پولكوۋنىك قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ خوتۇنىنىڭ گېپىنى ئاڭلىدى.

ـ يىگىرمە يىل بولدى، ھەر قېتىملىق سايلامدا سىزگە بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈپ كەلدۇق. ئەمما، ئاخىر بېرىپ ئېرىشكىنىمىز ئوغلىمىزنىڭ ئۆلۈمى بولدى،- ئايال يەنە قوشۇپ قويدى،- ئوغلىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق.

پولكوۋنىك بۇنداق ئەيىبلەشلەرگە كۆنۈپ كەتكەنىدى.

ـ تېگىشلىك مەجبۇرىيتىمىزنى تولۇق ئادا قىلدۇق،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ ئەمما ئۇلار يىگىرمە يىلدىن بېرى كېڭەش پالاتاسىدىن ئېيىغا مىڭ پېسۇ ئېلىىپ خاتىرجەم ياشاپ كەلدى،- دېدى خوتۇنى،- سارۋاسقا قاراڭچۇ،ئىككى قەۋەتلىك ئۆيى، ھېسابسىز پۇلى بار. ئۇ ئەسلى بوينىغا يىلان ئارتىۋېلىپ بازاردا دورا ساتىدىغان بىر بىچارە ئادەمتىغۇ.

ـ ئۇ ھازىر دىئابىت كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ.

ـ لېكىن سىز ئاچلىق ئازابىنى تارتىۋاتسىز دە!- دېدى خوتۇنى،- ئىناۋەت ئابروي دېگەنى تاماق ئورنىدا يېگىلى بولمايدىغانلىقىغا ئەمدىغۇ ئىشەنگەنسىز.

تۇيۇقسىز قاتتىق چاقماق چېقىپ ئايالنىڭ گېپى ئۈزۈلۈپ قالدى. دەھشەتلىك گۈلدۈرماما ئاۋازى ھۇجۇرىغا بۆسۈپ كىردى. ئايال چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىنجىلنى ئېلىش ئۈچۈن پاشىلىققا يۈگۈردى.

پولكوۋنىك ئىختىيارسىز كۈلۈپ قويدى.

– بۇ ئىشقا سىزنىڭ زۇۋاندارلىقىڭىز سەۋەبچى،- دېدى پولكوۋنىك،- مەن سىزگە « تەڭرى بىزگە باشپاناھ بولىدۇ دەپ دائىم دەيمەنغۇ.»

راستىنى ئېيىتقاندا، پولكوۋنىك قاتتىق ئازابلىنىۋاتاتتى. بىر ئازدىن كىيىن چىراغنى ئۆچۈرۈپ چۇڭقۇر خىيال قاينىمىغا غەرق بولدى. ئىسىگە ماكوندو كەلدى. پولكوۋنىكنىڭ نئېللاندىيەدە بېرىلگەن ۋەدىنىڭ ئەمەلىيلىشىشنى كۈتۈپ كېلىۋاتقىنىغا ئون يىل بولغانىدى. چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا پولكوۋنىك خارامۇش بىر ھالەتتە پويىزنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆردى. پويىزغا شۇنداق جىق يولۇچى ۋە مال چارۋا چىققانىدىكى، ھەتتا پويىزنىڭ ئۈستىمۇ ئىسسىقتىن نەپەس ئالالماي قالغان ئادەملەر بىلەن لىق توشۇپ كەتكەنىدى. بۇ بانان ئىسسقى مەزگىلى بولغاچقا، يىگىرمە تۆت سائەت ئىچىدە پۈتكۈل بازار ئىچى باشقىچە بىر قىياپەتكە كىردى.

ـ مەن ماڭاي.بانان پۇرىقى ئۈچەيلىرىمنى سېسىتىۋەتمىسۇن يەنە.

پولكوۋنىك شۇنداق دەپ، 1906-يىلى 27- ئىيول(چارشەنبە) چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە، پويىزغا چۈشۈپ ماكوندودىن ئايرىلدى. يېرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۇ ئۆزىنىڭ نىئېللاندىيىدە تەسلىم بولغاندىن بېرى بىر مىنۇتمۇ ئارام تاپمىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ـ ئەمدى ئويلىنىپ ئولتۇرمايلى،- دېدى پولكوۋنىك كۆزىنى ئېچىپ.

ـ قايسى ئىشتا دەيسىز؟

ـ خورازنى سېتىۋېتەيلى،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەتە خورازنى ئاپىرىپ سارۋاسقا توققۇز يۈز پىسوغا سېتىۋېتەي.

دون سارۋاسنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى پىچىۋېتلگەن ماللارنىڭ ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ ئىشخانىغا ئاڭلاندى.

« ئۇ يەنە ئون مىنۇتقىچە كەلمىسە كېتەي» دەپ ئويلىدى. پولكوۋنىك ئىككى سائەت ساقلىغاندىن كېيىن. ئەمما ئۇ يەنە 20 مىنۇت ئولتۇردى. ئاخىر ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرىشىغا دون سارۋاس بىر توپ مەدىكارنى ئەگەشتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇ پولكوۋنىكنىڭ ئالدىدىن بىر قانچە قېتىم ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇنى كۆرمىدى. مەدىكارلار كەتكەندىن كېيىنلا پولكوۋنىكنى ئاندىن كۆردى.

ـ مېنى كۈتىۋاتقانمىدىڭىز، تۇغقىنىم؟

ـ ھەئە،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەگەر بەك ئەلدىراش بولسىڭزى كەچتىرەك كەلسەممۇ بولىدۇ.

ـ مەن ھازىرلا كېلىمەن،- دېدى ئىشىك ئالدىدا تۇرغان دون سارۋاس ئۇنىڭ گېپىگە ئېرەنشىمەي.

دىمىق ئىسسىق بولىۋاتقان چىڭقى چۈش مەزگىلى ئىدى. ئىشخانا ئىچى كۈن نۇرىدا باشقىچە يورۇق كۆرۈنەتتى. پولكوۋنىك ئىسسىقتىن دىمى سىقىلىپ ئىختىيارسىز كۆزىنى يۇمدى. ئۇ چۈشىدە خوتۇنىنى كۆردى.

شۇ ئەسنادا دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىرىپ كەلدى.

ـ ئۇخلاڭ، تۇغقىنىم،- دېدى ئايال،- مەن دېرىزىنى يېپىۋېتەي. بۇ ئىشخانا دوزاخنىڭ ئۆزىلىغۇ.

پولكوۋنىك پۈتۈنلەي ئىپادىسىز بىر ھالەتتە ئايالغا قاراپ تۇراتتى. ئايال دېرىزىنى يېپىۋەتكەندىن كېيىن غۇۋا ئۆي ئىچىدە:

ـ سىز دائىم چۈش كۆرەمسىز؟- دەپ سورىدى.

ـ بەزىدە چۈش كۆرىمەن،- دېدى پولكوۋنىك ئۇخلاپ قالغىنىغا خىجىل بولۇپ،- ھەمىشە چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ئۆمۈچۈك تورىغا ئىلنىشىپ قالغاندەك ھالەتتە كۆرىمەن.

ـ مەن ھەر كېچىسى يامان چۈشلەرنى كۆرۈپ چىقىمەن،- دېدى دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى،- چۈشۈمدە كۆرگەن ناتۇنۇش ئادەمنىڭ كىملىكىنى ھازىرلا بىلىۋالىمەن.

ئايال شامالدۇرغۇچنى ئاچتى.

ـ ئۆتكەن ھەپتە بىر چۈش كۆرگەنىدىم،- دېدى ئۇ،- قارىغۇدەك بولسام بىر ناتۇنۇش ئايال كارىۋىتىمنىڭ بېشىدا تۇرغۇدەك. مەن يۈرىكىمنى قاپتەك قىلىپ ئۇنىڭدىن:« سىز كىم؟» دەپ سورىدىم. ئۇ: « مەن يىگىرمە يىل ئىلگىرى مۇشۇ ئۆيدە ئۆلۈپ كەتكەن ئايال» دەپ جاۋاب بەردى.

ـ بۇ ئۆينىڭ سېلىنغىنىغا ئەمدى ئاران ئىككى يىل بولغان تۇرسا؟

ئۇغۇ راسىت،- دېدى دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى،- دېمەك، بۇنىڭدىن ئۆلۈكنىڭمۇ خاتالىشىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.

شامالدۇرغۇچنىڭ غوڭۇلدىشى ئۆي ئىچىنى تېخىمۇ گۇڭگا قىلىۋەتتى. پولكوۋنىك بىرەر باھانە تېپىپ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتەي دەپ تۇرغاندا، دون سارۋاس غوجىدارى بىلەن  كىرىپ كەلدى.

ـ شورپىڭىزنى تۆت قېتىم ئىسىتىپ بولدۇم جۇمۇ،- دېدى خوتۇنى دون سارۋاسقا.

ـ خالىساڭ ئون قېتىم ئىسىت!- دېدى دون سارۋاس،- لېكىن ماڭا دەخلى قىلما.

دون سارۋاس پۇل ساندۇقىنى ئېچىپ بىر تۇتام پۇلنى غوجىدارغا بەردى ۋە نېمىلەرنىدۇر تاپىلىدى. غوجىدارى دېرىزىنى ئېچىپ پۇلنى بىر قېتىم ساناپ چىقتى. دون سارۋاس پولكوۋنىكنىڭ ئىشخانىدا ئىكەنلىكىنى سەزدى، ئەمما ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەي غوجىدارى بىلەن پارىڭىنى قىلىۋەردى. ئاخىر غوجىدارىنى ئەگشتۈرۈپ يەنە ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا، پولكوۋنىك ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. دون سارۋاس ئىشىكنىڭ يېنىغا بېرىپ بولۇپ قەدىمىنى توختاتتى.

ـ بىر نەرسە لازىممىتى، تۇغقىنىم؟

پولكوۋنىك غوجىدارنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى سەزدى.

ـ ھېچنىمە لازىم ئەمەس، تۇغقىنىم،- دېدى پولكوۋنىك،- سىز بىلەن پاراڭلىشاي دېگەنىدىم.

ـ نىمە ئىشتى، تېزرەك ئېيتىڭ،- دېدى دون سارۋاس،- ۋاقتىم بەك زىچ.

گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە دون سارۋاس قەدىمىنى توختىتىپ، بىر قولىنى ئىشىك ھالقىسىغا ئۇزاتتى. پولكوۋنىكقا ئارىدىكى بەش سىكونت ھاياتىدىكى ئەڭ تەستە ئۆتكەن ۋاقىتتەك تۇيۇلۇپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ چىشىنى چىڭڭىدە چىشلەپ ئكزىنى بېسىۋالدى.

ـ خورازنىڭ ئىشى توغرىلىق پاراڭلىشاي دېگەنىدىم،- دېدى پولكوۋنىك زەئىپ ئاۋازدا.

دون سارۋاس ئىشىكنى ئاچتى.

ـ خورازنىڭ ئىشى توغرىلىق دەڭ،- دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ ۋە پولكوۋنىكنى تۈرتۈپ دېگۈدەك كارىدۇرغا ئېلىپ چىقتى،- دۇنيا گۇمران بولۇۋاتسا خورىزىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرگىنىنى بۇ تۇغقىنىمنىڭ،- ئۇ بىر ئازدىن كېيىن پولكوۋنىكقا قاراپ قوشۇپ قويدى،- ئۇنداق بولسا ناھايىتى ياخشى، مەن بىردەمگىچە كېلىمەن.

پولكوۋنىك ئىككىسىنىڭ ئاياغ تىۋىشى كارىدورنىڭ ئۇ تەرىپىگە يەتكەنگە قەدەر ئىشخانىنىڭ ئوتتۇرسىدا قىمىر قىلماي تۇرۇپ قالدى، بىر ئازدىن كېيىنلا ئىشخانىدىن چىقىپ بازار تەرەپكە قاراپ ماڭدى. چۈش ۋاقتى بولغاچقا، بازار بىر خىل بىسەرەمجانلىق ئىلكىدە كۆزگە تاشلىناتتى. ماشىنچىخانىدا ئادەم يوق، دوختۇرنىڭ شىپاخانىسىمۇ ئېچىلمىغانىدى. سۈرىيلىكنىڭ دۇكىنىغا قارايدىغان ئادەم يوق ئىدى. بىر ئادەم پورتتىكى تۆت نىفىت تۇڭىنىڭ ئۈستىدە يۈزىگە چىغ قالپىقىنى قويغىنىچە ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.« بازاردا مەندىن باشقا ھەرىكەتلىنىۋاتقان نەرسە يوق ئوخشايدۇ» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن پولكوۋنىك ئۆي تەرەپكە ماڭدى.

خوتۇنى چۈشلۈك تاماقنى تەييار قىلىپ پولكوۋنىكنى ساقلاپ ئولتۇرغانىدى.

ـ چۈشلۈك تاماقنىڭ خۇرۇچلىرىنى نىسىگە ئەكەلدىم. پۇلىنى ئەتە بېرىدىغان بولدۇم،- دېدى خوتۇنى چۈشەندۈرۈپ.

تاماق ئۈستىدە پولكوۋنىك ئۈچ سائەتتىن بېرى بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.خوتۇنى ئۇنىڭ گەپلىرىنى سەۋرسىزلىك بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇراتتى.

ـ گەپ سىزنىڭ بوشاڭلىقىڭىزدا،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىكنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن،- خەقنىڭ ئالدىغا تىلەمچىدەك بارغىنىڭىزغا قارىا. ئەسلىچۇ، قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ بارغان پېتى سارۋاسنى بىر ياغقا چاقىرىپ:« تۇغقىنىم، خورازنى سىزگە سېتىپ بېرەي دەۋاتىمەن» دېگەن بولسىڭىز توغرا بولاتتى.

ـ سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولغان بولسا، ئىش بەك ئوڭاي پۈتكەن بولاتتى،- دېدى پولكوۋنىك.

ئايالىنىڭ تۇرقىدىن بۆلەكچە چېچەنلىك چىقىپ تۇراتتى. شۇ كۈنى ئەتىگىنى ئۇ ئۆينى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئۇسۇلدا ئۆزىنى ياسىدى؛ پۇتىغا ئېرىنىڭ كونا ئايىغىنى كىيىپ بېلىگە مايلىشىپ كەتكەن پەرتۇقىنى باغلىدى، بېشىغا كونا بىر پارچە رەخىتنى چىگدى.

ـ سودا قىلىشقا پەقەتلا ئېپىڭىز يوق،- دېدى خوتۇنى،- ئادەم دېگەنچۇ، نەرسە ساتقىدەك بارغاندا ئۆزىنى ھەقىقىي ساتارمەندەك كۆرسىتىش كېرەك.

خوتۇنىنىڭ بۇنداق ياسىنىشى پولكوۋنىكقا بەك قىزىق تۇيۇلدى.

ـ مانا مۇشۇنداق تۇرۇڭچۇ،قىمىرلىماڭ دەيمەن!- پولكوۋنىك ھىجىيىپ خوتۇنىنىڭ گېپىنى بۆلدى،- شۇ تاپتىكى ھالىتىڭىز« كۋاركى» سولو سودا ماركىسىدىكى ئادەملەرگە تولىمۇ ئوخشىدى.

خوتۇنى چىگىۋالغان كونا رەخىتنى بېشىدىن يۇلىۋالدى.

ـ سىىزگە چاقچاق قىلىۋاتقىنىم يوق،- دېدى ئۇ،- مەن ھازىرلا خورازنى دون سارۋاسنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بارىمەن. بىز دو تىكىشەيلى، نېمىدىن تىكىشسەك مەيلى. يېرىم سائەتتىن كېيىن ئالدىڭىزغا توققۇز يۈز پىسونى ئېلىپ كەلمىسەم ھېساب ئەمەس.

ـ بېشىڭىز قېيىپ قاپتۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- بىز خورازنىڭ پۇلىغا دو تىكىشىپ بولدۇققۇ.

پولكوۋنىك خېلى ئۇزۇن سۆزلەپ خوتۇنىنى تەستە قايىل قىلدى. ئايال چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىنى كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئالىدىغان نەرسىلەرنىڭ پىلانىنى سوقۇش، جۈمە كۈنى خەت كۈتىدىغان كۈنلىرىنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكى توغرىسىدا خىيال سۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن، توققۇز يۈز پىسونى مۇشۇنداقلا كۈتۈۋېلىشقا رايى بارماي ئۆي ئىچىنى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرغان،  يەنە ئۆزىگە ئېھتىياجلىق مۇھىم نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكىنى يېزىپ چىققانىدى.  پىلانىدا ھەتتا پولكوۋنىكقا يېڭى ئاياغ ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇمىغان، ئەينەكنى ئالغاندا قويىدىغان يەر توغرىلىقمۇ ئويلىنىپ قويغانىدى. ئەمما بۇ شىرىن ئارمانلىرىنىڭ ھەش- پەش دېگۈچە بەربات بولۇشى ئايالغا بەكلا ھار كەلدى.

 ئۇ چۈشتە بىردەم ئۇخلاپ ئورنىدىن تۇرغاندا، پولكوۋنىك ھويلىدا ئولتۇراتتى.

ـ نىمىش قىلىۋاتسىز؟

ـ ئويلىنىۋاتىمەن،- دېدى پولكوۋنىك.

ـ ئەمسە بۇ ئىشمۇ يوققا چىقىپتۇ-دە، – توققۇز يۈز پىسونى 50 يىلدىن كېيىن ئالغۇدەكمىز.

ئەمەلىيەتتە پولكوۋنىك چۈشتىن كېيىنلا سېتىۋېتىش خىيالىغا كېلىپ بولغانىدى.« دون سارۋاس شۇ تاپتا ئىشخانىسىدا يالغۇز ئولتۇرغاندۇ، شامالدۇرغۇچىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقاندۇ» ئۇ شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزىۋېتىپ، دون سارۋاسنىڭ ئۆزىگە قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى پەملەپ بولدى.

ـ خورازنى ئېلىپ بېرىڭ،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىك ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا،- ئىللىق چىراي مۆجىزە يارىتايلى.

پولكوۋنىك بۇنداق قىلىشقا قارشى ئىدى. خوتۇنى ئۇنى ئۈمىدسىزلىك ۋە تىت- تىتلىق ئىلكىدە دەرۋازىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى.

ـ ئىشخانىسىدا ئادەم بولسا كارايىتى چاغلىق،- دېدى ئايال،- ئۇنىڭ بىلىگە مەھكەم ئېسىلىڭ. توققۇز يۈز پىسۇنى بەرمىسە ھەرگىز قويىۋەتمەڭ.

ـ خەقلەر بىزنى بىرەر نەرسىنى بۇلاشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ، دەپ قالسىچۇ.

خوتۇنى پولكوۋنىكنىڭ گېپىگە ئېرەنشىمىدى.

ـ ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز دېگەن خورازنىڭ ئىگسى،- دېدى ئايال يەنە تاپىلاپ،- ئۇنىڭغا ياردەم بەرگىلى كېتىۋاتىسىز.

ـ چۈشەندىم.

دون سارۋاس ھۇجرىسىدا دوختۇر بىلەن بىللە ئىدى.

ـ ئۇنىڭ بىلەن بىر ياققا چىقىپ كەتمەستە دەرھال كۆرۈشۈڭ،- دېدى دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى پولكوۋنىكقا،- ئۇ قورۇققا بارماقچى. دوختۇر ئۇنىڭغا تەييارلىقىنى قىلىشىپ بېرىۋاتىدۇ. بۈگۈن ماڭسا پەيشەنبە كۈنى ئاران قايتىپ كېلەلەيدۇ.

پولكوۋنىك ئىككىلىنىپ قالدى. بۇ يەرگە خورازنى سېتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، نىمىشقىدۇر « بىر سائەتتىن كېيىن كەلگەن بولسامچۇ» دەپ ئويلاپ قالدى. چۈنكى ئۇ دون سارۋاس بىلەن كۆرۈشۈشتىن قورقۇپ تۇراتتى.

ـ بولمىسا كەلگۈچە ساقلاپ تۇرساممۇ بولىدۇ،- دېدى پولكوۋنىك.

ئەمما، دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى پولكوۋنىكنى ئېرى بىلەن كۆرۈشۈشكە زولاپ تۇرىۋالدى. ئايال ئۇنى ھۇجرىسىغا باشلاپ كىردى. دون سارۋاس ئىچ ئىشتان كىيگەن، نۇرسىز كۆزلىرىنى دوختۇرغا تىككەن ھالدا كارىۋاتتا ئولتۇراتتى. دوختۇر بىمارنىڭ كىچىك تەرىتى ئېلىنغان .ەيبەك پروبىركىنى قىزىتىپ، ئۇنى پۇراپ باققاندىن كىيىن قەغەزگە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بىر بەلگىنى يازدى. پولكوۋنىك ئاڭغىچە كۈتۈپ تۇردى.

ـ بەلكىم ئۇنى سېتىۋېتىش كېرەكتۇ،- دېدى دوختۇر پولكوۋنىك تەرەپكە كېلىۋېتىپ،- دىئابىت كېسىلى بايلارنىڭ جېنىنى تېز ئالالمايدۇ.

ـ سىز ئىنسۇلىننى ئىشلىتىپ بارلىق تىرىشچانلىقىڭىزنى كۆرسەتتىڭىز،- دېدى دون سارۋاسلەشتەك ساڭگىلاپ كەتكەن كاسىسىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ،- ئەمما مەن خەقنىڭ ئوڭاي چىشى ئۆتمەيدىغان مىخ،- ئۇ ئارقىدىن پولكوۋنىكقا قاراپ دېدى،- كېلىڭ، تۇغقىنىم. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سىزنى ئىزدەپ چىقىپ شىلەپىڭىزنىمۇ كۆرمىدىم.

ـ مەن ئادەتتە شىلەپە كىيمەيمەن، بولمىسا خەق بىلەن كۆرۈشكەندە ئادەم بېشىنى تولا ئېلىپ ئاۋارە بولۇپ كېتىدىكەن.

دون سارۋاس كىيىمىنى كېيىشكە باشلىدى. دوختۇر قان ئۈلگىسى ئېلىنغان پروبىركىنى چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سالغاندىن كېيىن دورا ساندۇقىنى يىغىشتۇردى. « دوختۇر ئەمدى كېتىدىغان بولدى» دېدى پولكوۋنىك.

ـ دوختۇر، ئەگەر مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولسا، بۇ تۇغقىنىمدىن يۈزمىڭ پىسۇ ئالغان بولاتتىم،- دېدى پولكوۋنىك،- بۇنداق قىلسىڭىز ئۇنچە ئالدىراش بولۇپ كەتمەيسىز ئەمەسمۇ.

ـ مەن ئۇنىڭغا بۇ سودىنى قىلىش تەكلىپىنى بەردىم، ئەمم ابۇنىڭ ئۈچۈن بىر مىلىيون پىسو خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ،- دېدى دوختۇر،- نامراتلىق دىئابىت كىسىلىنى داۋالايدىغان ئەڭ شىپالىق دورا.

ـ رېتسىپىڭىزغا رەھمەت،- دېدى دون سارۋاس تومپىيىپ چىققان قورسىقىنى ئىشتىنىڭ ئىچىگە تىقىشقا تىرىشىۋېتىپ،- ئەمما بېيىش ئاپىتىگە ئۇچرىماسلىقىڭىز ئۈچۈن بۇ رېتسىپىڭىزنى قوبۇل قىلمايمەن.

دوختۇر خاتىرجەم قىياپەتتە سائىتىگە قاراپ قويدى. دون سارۋاس ئۆتىكىنى كىيىۋېتىپ ئويلىمىغان يەردىن:

ـ دەڭچۇ، تۇغقىنىم. خورىزىڭىغا نىمە بولدى،- دەپ سورىدى.

پولكوۋنىك دوختۇرنىڭمۇ ئۆزىدىن جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقىنى سېزىپ چىشىنى چىڭ چىشلىدى.

– ھېچنىمە بولمىدى، تۇغقىنىم،- دېدى پولكوۋنىك پەس ئاۋازدا،- مەن ئۇنى سىزگە ساتقىلى كەلگەنتىم.

– ياخشى بوپتۇ، تۇغقىنىم،- دېدى دون سارۋاس ھېچ ئىش بولمىغاندەك،- ئەمدى خېلى ئەقلىڭىزنى تېپىپسىز.

– يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالدى. بۇنداق ئىشلارنى قىلسام ياراشمايدۇ،- پولكوۋنىك دوختۇرنىڭ چىرايىدىكى چۈشىنىكسىز ئالامەتلەرنى كۆرۈپ دەرھال چۈشەندۈردى،- يىگىرمە ياش كىچىك بولغان بولسام، ئۇنىڭدا يەنە باشقىچە ئىش بولاتتى.

– سىز مەڭگۈ يىگىرمە ياش ياشىرىپ قالغاندەك تۇرىسىز،- دېدى دوختۇر.

پولكوۋنىك ئۇلۇغ- كىچىك تىندى. ئۇ دون سارۋاسنىڭ يەنە ئازراق بىر نىمە دېيىشىنى كۈتكەنىدى. ئەمما بۇ ئادەمدىن ئارتۇق سادا چىقمىدى.

ئۇ سىيرىتمىلىق خۇرۇم چاپىنىنى كىيىپ ھۇجرىدىن چىقاي دەپ تۇرغاندا، پولكوۋنىك:

– خالىسىڭىز كېيىنكى ھەپتە پاراڭلىشايلى،- دېدى.

– سىزگە دەي دەپ تۇراتتىم،- دېدى دون سارۋاس،- مېنىڭ بىر خېرىدارىم بار. خورىزىڭىزنى تۆت يۈز پىسۇغا ئېلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنى پەيشەنبىگىچە ساقلايمىز.

– قانچىگە دېدىڭىز؟- سورىدى دوختۇر.

-تۆت يۈز پىسوغا.

– بۇ خورازنى نۇرغۇن پۇلغا يارايدۇ دەپ ئاڭلىغانتىمغۇ،- دېدى دوختۇر.

– سىز ماڭا خورازنى توققۇز يۈز پىسوغا ساتقىلى بولىدۇ دېگەن،- دېدى پولكوۋنىك،- بۇ پۈتۈن ئۆلكە بويىچە خورازلارنىڭ ئالدى دەڭا.

دوختۇرنىڭ گېپىگە دون سارۋاس جاۋاب بەردى:

-بۇرۇن بولغان بولسا بۇ خورازنى ھەرقانداق ئادەم مىڭدىن ئاشۇرۇپ ئالاتتى. ئەمما ھازىر خەقلەر ياخشى خورازلىرىنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشقا پېتىنالمايدۇ. چۈنكى، توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۇنىڭغا ھامان ئوق تېگىش خەۋىپى بار،- ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ پولكوۋنىكقا قارىدى. پولكوۋنىكنىڭ چىرايىدىن كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولۇۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

– سىزگە دېمەكچى بولغانلىرىم شۇنچىلىك، تۇغقىنىم.

پولكوۋنىك« بولىدۇ» دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتتى.

– بوپتۇ ئەمسە.

پولكوۋنىك ئۇلارغا ئەگىشىپ كارىدوردىن ئۆتتى. دون سارۋاسنىڭ خوتۇنى «ئادەمگە تۇيۇقسىز يېپىشىدىغان كېسەللەر » گە دورا يازدۇرىۋېلىش ئۈچۈن دوختۇرنى تۆر ئۆيدە ئېلىپ قالدى. پولكوۋنىك ئىشخانىدا دوختۇرنى كۈتۈشكە باشلىدى. دون سارۋاس پۇختا ئېتىلگەن پۇل ساندۇقىنى ئېچىپ، ھەممە يانچۇقىغا لىق پۇل سالدى ۋە تۆت پارچە قەغەز پۇلنى پولكوۋنىكقا سۇندى:

– بۇ ئاتمىش پىسونى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ، تۇغقىنىم،- دېدى دون سارۋاس،- خورازنى ساتقاندىن كېيىن ھېسابلىشىۋالارمىز.

پولكوۋنىك دوختۇر بىلەن پورتتىكى بازاردىن ئۆتتى. كەچنىڭ سالقىن ھاۋاسىدا ئۇ يەر يەنە قىزىپ كەتكەنىدى. لىق شېكەر قومۇچى بېسىلغان بىر كىمە ئېقىن بىلەن بىر يۆنىلىشتە كېلىۋاتاتتى. پولكوۋنىك دوختۇرنىڭ بەكلا جىمىپ كەتكەنلىكىنى سەزدى.

– سىزگە نېمە بولدى، دوختۇر؟

دوختۇر مۈرىسىنى چىقىرىپ قويدى.

– ھېچ ئىش يوق،- دېدى دوختۇر،- ئۆزۈمنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.

– شۇ يامغۇرنىڭ كاساپىتى،- دېدى پولكوۋنىك،- مېنىڭ ئۈچەيلىرىممۇ سېسىپ كېتەي دېدى.

دوختۇر دۇكانلىرىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان سۈرىيلىكلەر بىلەن توختىماي سالاملىشىپ مېڭىۋاتقان پولكوۋنىكقا ئادەتتىكى بىر نەزەر بىلەن سىنچىلاپ قارىدى. شىپاخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پولكوۋنىك دوختۇرغا خوراز سېتىش ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى ئېيىتتى.

– بۇ خورازنى سېتىۋەتمەي ئامالىم يوق، دېدى ئۇ دوختۇرغا چۈشەندۈرۈپ،- بۇ ھايۋان ئادەمنىڭ گۆشىنى يەيدۇ ئەمەسمۇ؟

– ئادەمنىڭ گۆشىنى يەيدىغان بىردىنبىر ھايۋان دون سارۋاس،- دېدى دوختۇر،- كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇ بۇ خورازنى باشقىلارغا توققۇز يۈز پىسوغا ساتىدۇ.

– شۇنداقمۇ قىلارمۇ؟

– بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ،- دېدى دوختۇر،- بۇ ھېلىقى يىلى ئۇنىڭ بازار باشلىقى بىلەن تۈزگەن داڭلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك كېلىشىمىگە ئوخشاشلا قالتىس پايدىسى تېگىدىغان سودا.

پولكوۋنىك دوختۇرنىڭ گېپىگە تەستە ئىشەندى.

– مېنىڭ تۇغقىنىم ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا بۇ كېلىشىمنى تۈزگەن،- دېدى پولكوۋنىك،- ئۇنىڭ بازاردا قالالىشىدىكى سەۋەبمۇ شۇ.

– ئۇ ئاشۇ كېلىشىمنى تۈزگىنى ئۈچۈنلا بازار باشلىقى قوغلىۋەتكەن يولداشلىرىنىڭ مال- مۈلكىنى يېرىم باھادا ئالالىغان، دېدى دوختۇر پولكوۋنىكنىڭ گېپىگە رەددىيە بېرىپ.

دوختۇر ئاچقۇچنى يانچۇقىدىن تاپالماي ئىشىكنى چەكتى، ئاندىن ئۆزىنىڭ گېپىگە دەرگۇمان بولۇپ تۇرغان پولكوۋنىكقا قارىدى.

– ساددىلىق قىلماڭ،- دېدى ئۇ،- دون سارۋاس پۇلىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدۇ.

– شۇ كۈنى كەچلىكى پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى نەرسە ئېلىش ئۈچۈن سىرىتقا چىقتى. پولكوۋنىك ئۇنىڭ بىلەن سۈرىيلىكنىڭ دۇكىنىغا بىللە بارغاچ دوختۇر ئۆزىگە ئاشكارىلىغان ئىشلار توغرىلىق ئويلاندى.

– يۈرۈڭ، ھېلىقى يىگىتلەرنى ئىزدەپ تېپىپ خورازنى سېتىۋەتكەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىكقا،- ئۇلا ريەنە ئۈمىدلىنىپ يۈرىۋەرمىسۇن.

– سارۋاس كەلمىگۈچە خوراز ساتمىغانغا ھىساب،- دېدى پولكوۋنىك.

ئۇ بېلىيارتخانىدا قىمار ئويناۋاتقان ئارۋالوغا ئۇچىرشىپ قالدى. يەكشەنبە كۈنى كەچتى بىليارتخانىنىڭ ئىچى قايناپ كېتەتتى. رادىئو ئەڭ يۇقىرى ئاۋازدا قويۇلغان، ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان مۇزىكا كىشىنى تېخىمۇ دىمىق ئىسسقتا تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قوياتتى. پولكوۋنىك ئاشۇ ئاجايىپ رەڭلىك سانلارغا قاراپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقاردى. تاۋكا ئورنىدا قويۇلغان ئۇزۇن، قارا كىليونكا ئۈستىگە يېزىلغان سانلار ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدىكى ساندۇق ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان چىراغنىڭ يورۇقىدا باشقىچە نۇرلۇق كۆرۈنەتتى. ئارۋالو دەسمايىسىنى «23» دېگەن سانغا دو تىكىۋىدى، ئاخىر ھەممىسىدە ئۇتتۇرىۋەتتى.

ئارۋالونىڭ ئارقىسىدا تاۋكانى كۆزىتىپ تۇرغان پولكوۋنىك توققۇزىنچى يولدا« 11» نىڭ تۆت قېتىم پەيدا بولغىنىنى كۆردى.

– 11 گە تىكىڭ،- دېدى پولكوۋنىك ئارۋالونىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلاپ،-«11» ھازىرغىچە نەچچە قېتىم كۆرۈندى.

– ئارۋالو تاۋكانى ئەستايىدىل كۆزەتكەندىن كېيىن كېيىنكى يولدا پۇل تىكمىدى. ئارۋالو ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدىن پۇل ئېلىپ ئۇنىڭدىن بىر ۋاراق قەغەز پۇلنى ئايرىۋالدى ۋە شىرەنىڭ ئاستىدىن پولكوۋنىكقا سۇنۇپ بەردى ۋە:

– ئاۋگوستنىڭ ھەققى،- دەپ قوشۇپ قويدى.

پولكوۋنىك پۇلنى چاندۇرماي يانچۇقىغا سالدى. ئارۋالو« 11» گە بىر مۇنچە پۇل تىكتى.

– باشلىنىشقا ئاز قالدى،- دېدى پولكوۋنىك.

– ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى بولسا كېرەك،- دېدى ئارۋالو.

 غايەت زور رەڭلىك چاقلار ھەرىكەتكە ئۆتكەندىن كېيىن ئەتراپتا تۇرغان قىمارۋازلار پۇلىنى باشقا سانلاردىن ئېلىۋېلىپ«11» نىڭ ئۈستىگە قويدى. سورۇندىكى كىشىنى ھەم خۇمار قىلىپ قويىدىغان، ھېسياتنىڭ تەمىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتاتتى.

ئەمما ئوتتۇرغا«5» چىقتى.

– كەچۈرۈڭ،- دېدى پولكوۋنىك قاتتىق خىجالەت بولۇپ.

ئۇ ئېيىتقۇسىز خىجىللىق ئىچىدە تاياقچىنىڭ ئارۋالونىڭ پۇلىنى ئالدىدىن سېىرىپ ئېلىپ كەتكىنىگە قاراپ تۇردى،- ھەممىسى مېنىڭ ئاتىكاچىلىقىمدىن بولدى.

ئارۋالو كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى.

– بولدى، غەم قىلماڭ، پولكوۋنىك. ھېسىيات مەيدانىدىكى تەلىيىمنى سىناپ باقسام بولىدىغۇ.

– سۇناي بىلەن ئورۇندالغان مانبو①(لاتىن ئامېرىكىسىدا مودا بولغان مۇزىكا) مۇزىكىسى تۇيۇقسىز ئوتتۇرىدىن ئۈزۈلۈپ قالدى. قىمارۋازلار قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دەرھال تارقىلىشتى. پولكوۋنىك كەينى تەرەپتىن مىلتىقنىڭ زاتورى قايرىلىۋاتقان چاغدىكى قورقونچلق ئاۋازنى ئاڭلىدى. يانچۇقىدا يەر ئاستى تەشۋىقات ۋەرەقىسىنى ساقلىغىنى ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نىشانى بولۇپ قالغانلىقى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى. پولكوۋنىك كەينىگە بۇرۇلدى، ئەمما قولىنى كۆتۈرمىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئوغلىغا ئوق چىقارغان ھېلىقى ئادەمنى تۇنجى قېتىم يېقىندىن كۆرۈپ تۇرىۋاتاتتى. ئۇدۇل تەرەپتە پولكوۋنىكقا مىلتىق تەڭلەپ تۇرغان بۇ ئادەمنىڭ بويى پاكار، تېرىسى قارا، ئۆزى ئىندىئانلارغا ئوخشايتتى، تېنىدىن بىر خىل سېسىق سۈت ھىدى كېلەتتى. پولكوۋنىك چىشىنى چىشلەپ، مىلتىقنىڭ ئىستىۋولىنى ئۆزىدىن ئاستا نېرى قىلدى.

– خاتالاشتىڭىز،- دېدى پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك ساقچىنىڭ شەپەرەڭنىڭكىدەككىچىك ھەم يۇمىلاق كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىدى. بىر ھازاغىچە ئۆزىنى ئاشۇ كۆزلەر يۇتۇۋېتىپ يەنە دەرھال چىقىرۋەتكەندەك بىر خىل تۇيغۇدا سەزدى.

-قېنى مەرھەمەت، پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك دېكابىرنىڭ كىرىپ قالغىنىغا دېرىزىنى ئاچمايلا ھۆكۈم قىلدى. ئۇ ئاشخانىدا مېۋىلەرنى ئۇششاق توغراپ خورىزىغا ئەتىگەنلىك تاماق ئورنىدا بېرىۋاتقاندا، سېزىملىرى دېكابىرنىڭ ئاللىبۇرۇن كىرىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بولدى.بىر ئازدىن كېيىن ئاشخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. ھويلىدىكى مەنزىرە ئۇنىڭ سەزگۈلىرىنىڭ ئالدىمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. بۇ – ھەم گۈل- گىياھ، ھەم دەل- دەرەخ ئۆسكەن ئاجايىبلا ھويلا ئىدى.

پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى كارىۋاتتا توققۇزغىچە ياتتى. ئۇ ئاشخانىغا كىرگەندە، پولكوۋنىك ئۆزى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇپ قويغان ئۆيدە بىر توپ بالىلار بىلەن خوراز توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. ئۆي ئىچىنى بالىلار بىر ئالغاچقا، ئايال ئوچاقنىڭ بېشىغا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئايلىنىپ ئۆتتى.

_ سىلەر قورقماڭلار،- دېدى ئايال ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋە غەمكىنلىك ئىچىدە خورازغا لاپپىدە قاراپ قويۇپ،- مېنىڭچە ھازىر بۇ شۇم خورازنى كۆزدىن يوقىتىشنىڭ ۋاقتى ئەمەس.

پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەندى. خورازنىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق ئىدى. مەشىققە چىقىشقا تەييار تۇرغان بۇ خورازنىڭ تۈكسىز بوينى، يوغان پاچىقى ۋە ئۇزۇن تاجىسى ئۇنى تولىمۇ ئاۋارە، بىچارە كۆرسىتىپ قويغانىدى.

-خورازنىڭ ئىشىنى قويۇپ تۇرۇپ، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ بېقىڭچۇ،- دېدى پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى بالىلار كەتكەندىن كېيىن،- مۇشۇنداق چاغدا بىر پارچە رەسىمگە چۈشۈۋالغان بولساق- ھە.

ئايال بېشىنى دېرىزىنىڭ سىرتىغا چىقاردى. ئەمما چىرايىدا ھېچقانداق ھاياجانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى.

-مەن مۇشۇنداق ئەتىرگۈلنى ياخشى كۆرىمەن،- دېدى ئۇ ئوچاقنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىۋېتىپ.پولكوۋنىك ساقال ئېلىش ئۈچۈن ئەينەكنى ئاچىلىق جاھازىغا ئېلىپ قويدى.

 – ئەتىرگۈل تېرىغۇڭىز كەلسە تېرىمامسىز،- دېدى ساقال ئېلىۋاتقاندىكى ھەرىكىتىنى ئەينەكتە كۆرۈپ تۇرۇپ.

– ئەتىرگۈلنى چوشقا يەۋەتسىچۇ؟- دېدى خوتۇنى.

– ئۇ چاغدا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەتىرگۈل سەمرىتكەن چوشقىنىڭ گۆشىتاتلىق بولۇشى مۇمكىن.

پولكوۋنىك ئەينەكتىن خوتۇنىنىڭ يەنىلا بايىقىدەك بىر ئىپادىدە تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ خوتۇنىغا تىكىلىپ قارىغاچ ساقىلىنى كونا ئادىتى بويىچە سىلاپ- سىيپاشتۇرۇپ ئالدى. خوتۇنى خېلىغىچە ئۆزىنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالدى.

– مېنىڭ ئەتىرگۈل تېرىغۇم يوق،- دېدى ئۇ.

– مەيلى،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەمسە تېرىماڭ.

پولكوۋنىك يېقىندىن بېرى ئۆزىنى خېلى روھلۇق سېزىۋاتاتتى. دىكابىرنىڭ كىرىشى بىلەن قورسىقىنىڭ ئاغرىقىمۇ يوقاپ كەتتى. بۈگۈن ئەتىگەن يېڭى ئايىغىنى كىيىۋېتىپ پولكوۋنىكنىڭ كۆڭلى نېمىشقىدۇر يېرىم بولۇپ قالدى، خېلى ئېيتىشىپمۇ ئاياغنى پۇتىغا پاتقۇزالمىدى، شۇنىڭ بىلەن نائىلاج كونا كالتە جونجىلىق ئۆتۈكىنى كىيدى. خوتۇنى بۇ ئۆزگىرىشنى ھەش- پەش دېگۈچە بايقاپ ئۈلگۈردى.

– يېڭى ئاياغنى كىيىپ كۆندۈرمىسىڭىز، پۇتىڭىزنى مەڭگۈ مۇشۇنداق قىستايدۇ.

– كىيسە ماڭغىلى بولمايدىغان ئاياغكەن بۇ،- دېدى پولكوۋنىك گەپ بەرمەي،- بۇنداق ئاياغنى بىر ئاي كىيىپ ئاندىن سېتىۋەتسەك بولغۇدەك.

– پولكوۋنىك« بۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەت كېلىپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن ئويدا كوچىغا چىقتى. چۈنكى، پوچتا پاراخوتى ۋاقتىدا كېلەلمىگەنىدى. ئۇ دون سارۋاسنى ئىشخانىسىدا كۈتۈشكە باشلىدى. ئارىدا بىرەيلەن ئۇنىڭغا دون سارۋاسنىڭ دۈشەنبە كۈنىلا قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى. پولكوۋنىك بۇنداق بۇلارىنى كۈتمىگەنىدى. ئەمما ئۇ ئۈمىدسىزلەنمەي:« ئىشقىلىپ بەرىبىر كېلىدىغۇ» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەچ پورت تەرەپكە قاراپ ماڭدى. قىزىق يېرى، پورت ھەش- پەش دېگۈچە ئەتىگەنلىك شەپەقنىڭ نۇرلىرى بىلەن قاپلانغانىدى.

– پۈتۈن بىر يىل دىكابىردىكىدەك ئۆتسە- ھە،- دەپ غۇدۇرىدى ئۇ سۈرىيلىك مۇرسەلىسنىڭ ئىشخانىسىدا ئولتۇرىۋېتىپ،- بۇ ئايدا ئادەمنىڭ كۆڭلى باشقىچە .

سۈرىيىلىك مۇرسەلىسبۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ئەرەب تىلىغا تەستە ئۆرۈيەلىدى. ئۇ مۇلايىم ئادەم ئىدى، پۈتكۈل بەدىنىنىڭ، ھەتتا كاللىسىنىڭ تېرىسىمۇ شۇنداق سىلىق، پارقىراق ئىدى. ھەربىر ھەرىكىتى كىشىگە سۇدا تۇنقىقىپ قېلىپ ھەدەپ تىپىرلاۋاتقان ئادەمنى ئەسلىتەتتى. ھەرھەقىقەت، ئۆزىمۇ كىشىگە سۇدىن بايىلا سۈزىۋېلىنغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.

– ئىلگىرى شۇنداق ئىدى،- دېدى مۇرسەلىس،- ھازىرمۇ مۇشۇنداق بولغان بولسا مەن 897 ياشقا كىرگەن بولاتتىم. سىزچۇ؟

– 75 ياشقا،- دېدى پولكوۋنىك پوچتىكەشتىن كۆزىنى ئۈزمەي. ئۇ شۇ چاغدىلا پاراخوتتا سېرىك ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆردى، پوچتا پاراخوتىدىكى رەڭدار نەرسىلەر ئارىسىدىن ياماق سېلىنغان چىدىرنى تونىدى. بىر ئازدىن كېيىن نەزىرىنى پوچتىكەشتىن يۆتكەپ، باشقا پاراخورتلارغا دۆۋىلەپ قويۇلغان ساندۇق ، يەشىكلەرنىڭ ئارىسىدىن يىرىتقۇچ ھايۋاننى ئىزدەشكە باشلىدى. ئەمما تاپالمىدى.

– سېرىك ئۆمىكى،- دېدى پولكوۋنىك،- ئۇلارنىڭ ئون يىلدىن بېرى بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كېلىشى.

مۇرسەلىس بۇ گەپنى ئىسپانچە ئارىلاشتۇرۇپ خوتۇنىغا تەسلىكتە دەپ بەردى. مۇرسەلىس ئۆزى بىلەن ئۆزى بىرئاز سۆزلەشكەندىن كېيىن ئەندىشىسىنى پولكوۋنىكقا ئېيىتتى:

ـ مۈشۈكنى يۇشۇرۇپ قويۇڭ،پولكوۋنىك. بولمىسا ياش بالىلار ئۇنى سېرىك ئۆمىكىدىكىلەرگە ئوغىرلىقچە سېتىۋېتىدۇ.

پولكوۋنىك پوچتىكەشنىڭ قېشىغا بارماقچى بولۇپ تۇراتتى.

ـ بۇ ئۆمەكنىڭ يېرىتقۇچ ھايۋانلىرى يوقكەن،- دېدى ئۇ.

-يەنىلا ئوخشاش،- دېدى مۇرسەلىس ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ،- پولات سىم ئۈستىدە ماڭىدىغانلار بىر يەرلىرىنى سۇندۇرۋالماسلىق ئۈچۈن مۈشۈك گۆشى يەيدۇ.

پولكوۋنىك بۈگۈن مەشىق باشلىنىدىغانلىقىنى پولكوۋنىك شۇ چاغدىلا ئەسكە ئالدى.

پولكوۋنىك پوچتىخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ بىردەمدىلا توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىدىكى قالايمىقانچىلىق ئارىسىغا قوشۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ خورىزى توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىرناقلىرى لاتا بىلەن ئورالغان، پۇتلىرى دىرىلدەپ تىترىگەن بىچارە بىر ھالەتتە تۇراتتى، تۇرقىدىن ئازراق قورقىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ رەقىبى بىر ئورنىدا جىم تۇرمايدىغان شاش، كۆرەڭ خوراز ئىدى.

پولكوۋنىكتا ھاياجانلىنىش دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. داقا- دۇمباق سادالىرى ئىچىدە ئىككى خوراز نۆۋەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى. قىقاس- چۇقان سادالىرىغا قوشۇلۇپ ئىككى خورازنىڭ پەيلىرى، تىرناقلىرى ۋە بوينى بىر – بىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى. پولكوۋنىكنىڭ خورىزى رەقىبىنى بىر تېپىپ ياغاچ رىشاتكىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىۋەتتى. ھېلىقى خوراز بىر دومىلاپ قوپۇپ قايتىدىن ھوجۇمغا ئۆتتى.

پولكوۋنىكنىڭ خورىزى ئەمدى تاقابىل تۇرالايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. رەقىبى ھەر قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، ئۇ كەينىگە بىر قېتىم داجىپ بىردەمدىلا ئەسلىدىكى ئورنىغا كېلىپ قالدى. پۇتىمۇ تىترىمەس بولۇپ قالدى.

ھېرمان كۆرۈش سۇپىسىدىكىلەرنى كۆرسۇن دېگەندە قىلىپ خورازنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە رىشاتكىدىن سەكرەپ ئۆتتى. مەيداندا بىر ھازاغىچە چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرى كۆتۈرۈلدى. پولكوۋنىكقا تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى مۇسابىقىنىڭ كەسكىنلىكى بىلەن ماس كەلمىگەندەك، بۇ تازىمۇ ئادام ئالدايدىغان ئويۇن بولغاندەك تۇيۇلدى. ئىككى خورازمۇ بازاردىكىلەرگە ئويۇن ككرسىتىش ئۈچۈن ئۆزى خالاپ بىر مۇنچە رىيازەت چەككەنىدى.

پولكوۋنىك قىزىقىش ئىچىدە يۇمىلاق كۆرۈش سۇپىسىغا قاراپ قويدى. بىر توپ تاماشىبىن روھلۇق كەيپىياتتا پەلەمپەيدىن ئۆتۈپ، مۇسابىقە مەيدانىغا قاراپ ئاقتى. پولكوۋنىك پۈتۈن بازاردىكى يىگىتلەرنىڭ چىرايىدىن بىر خىل قىزغىنلىق، تىت- تىتلىق ۋە باشقىچە ھاياجان چىقىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. كاللىسىدا بۇرۇن يوقاپ كەتكەن بىر مەنزىرە قايتا پەيدا بولغان پولكوۋنىك رېشاتكىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ، مۇسابىقە مەيدانىدا مىغىلدىشىپ تۇرغان كىشىلەر ئارىسىدىن سىغدىلىپ ئۆتتى ۋە كۆزلىرىدىن خاتىرجەملىك چىقىپ تۇرغان ھېرماننىڭ قېشىغا كەلدى. ئىككىيلەن لام- جىم دېمەي بىر- بىرىگە قارىغىنىچە تۇرۇپ قېلىشتى.

-چۈشتىن كېيىنلىكىڭىز خەيىرلىك بولسۇن، پولكوۋنىك.

پولكوۋنىك ھېرماننىڭ قولىدىن خورىزىنى يۇلۇپ ئېلىۋېلىپ تۆۋەن ئاۋازدا :

-چۈشلۈك كىيىنلىكىڭىز خەيىرلىك بولسۇن!- ۋە قىزىق بەدىنى دىرىلدەپ تىترەپ كېتىۋاتقان خورازغا قارىۋېتىپ ئىختىيارسىز لاغىلداپ كەتتى، ئاغزىغىمۇ گەپ كەلمىدى. پولكوۋنىك مۇشۇ كەمگىچە بۇنداق ئاچچىقى يامان نەرسىنى قولىغا ئېلىپ باقمىغىنىنى ھېس قىلدى.

– بارساق ئۆيدە يوق ئىكەنسىز،- دېدى ھېرمان تەشۋىشلىنىپ.

تۇيۇقسىز ئەتراپتا تەنتەنە سادالىرى كۆتۈرۈلۈپ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى. ئەسلىدىلا قورقۇپراق تۇرغان پولكوۋنىك چاۋاك ۋە قىقاس سۈرەننى ئاڭلاپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. خورىزىنى قولتۇقىغا قىسىپ ھېچكىمگە قارىماي كىشىلەر ئارىسىدىن ئۆتتى ۋە كوچىغا چىقتى.

بازاردىكى ھەممە ئادەم ( تكۋەن قاتلامدىكىلەر) ئۆيلىرىدىن چىقىپ، بىر توپ مەكتەپ بالىسى ئارقىسىغا كىرىۋالغان پولكوۋنىكقا قاراشقا باشلىدى. مەيداننىڭ بىر بۇرجىكىدە بوينىغا بىر تال يىلان يۆگىۋالغان گەۋدىلىك بىر نېگىر شىرەنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ دورا سېتىۋاتاتتى. پورت تەرەپتىن كەلگەن بىر توپ ئادەم ئۇنىڭ دورا ھەققىدىكى ۋەز- نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىماقتا ئىدى. پولكوۋنىك خورىزىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ ئۆتۈشى بىلەن كىشىلەرنى نەزىرى بىراقلا ئۇنىڭغا يۆتكەلدى. ئۇنىڭغا ئۆيىگە بارىدىغان يول ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك ئۇزۇن بىلىنمىگەنىدى.

پولكوۋنىك قىلچە ئۆكۈنمىدى. ئون يىللىق تارىخىي ۋەقەلەر داۋامىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرغان بۇ بازار كىشىگە ئۇزۇندىن بېرى قاتتىق ئۇيقۇدا يېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. بۈگۈن( پولكوۋنىكقا يەنە خەت كەلمىگەن جۈمە كۈنى) چۈشتىن كېيىن كىشىلەر ئويغاندى. پولكوۋنىكمۇ ئىلگىرىكى بىر ۋاقتىنى ئەسلەپ قالدى. شۇ كۈنى ئۇ كۈنلۈكنى كۆتۈرۈپ خوتۇن – بالىسى بىلەن بىللە كونسېرت كۆرگەنىدى. كونسېرت يامغۇرغا قارىماي قويىلىۋەرگەنىدى.

پولكوۋنىك پارتىيسىنىڭ رەھبىرىنى، چاچلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان بۇ ئادەمنىڭ ئۆز ھويلىسىدا مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئۆزىنى يەلپۈپ ئولتۇرغان ھالىتىنى ئەسلەپ قالدى. داقا- دۇمباق سادالىرى پولكوۋنىكنىڭ قورسىقىنى ئاغرىتىۋەتكىلى تاس قالدى.

پولكوۋنىك دەرياغا يانداش كەتكەن كوچىدىن ئۆتۈۋېتىپ، بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلامغا ئوخشاشلا مىغىلدىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار سېرك ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ قىرغاققا چىقىشىغا قاراپ تۇراتتى. بى رئايال دۇكىنىدا تۇرۇپ نىمىلەرنىدۇر دەپ ۋارقىرىدى. پولكوۋنىك ئۇنىڭ خورازغا مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى قىلغانلىقىنى ئاڭقىرالىدى. پولكوۋنىك پەرىشانلىق ئىلكىدە ئۆيىگە قايتىپ كېلىپمۇ ھەرخىل چۇرقىراشلارنى ئاڭلاشتىن خالىي بولالمىدى.

ئىشىك ئالدىدا پولكوۋنىكنىڭ بالىلارغا:

-ئۆيۈڭگە كېتىش! قايسىڭ كىرسەڭ كەمەر بىلەن ساۋايمەن!،- دەپ ۋارقىرىدى ۋە دەرۋازىنى ئېتىپ ئاشخانا ئۆيگە قاراپ ماڭدى. خوتۇنى ھاسىراپ- ھۆمۈدىگىنىچە ھۇجرىدىن چىقتى.

-ئۇلار خورازنى ئېلىپ كەتتى،- دېدى ئايال ئۈنلۈك ئاۋازدا،- مەن ئۇلارغا ھاياتلا بولسام خورازنى ئۆيدىن ئېلىپ كېتىشىڭلغرغا يول قويمايمەن دېدىم.

پولكوۋنىك خورازنى مەشنىڭ پۇتىغا باغلاپ قويغاندىن كېيىن ئىدىشتىكى سۇنى ئالماشتۇردى. خوتۇنىنىڭ ئەقلىدىن ئازغان ئادەمنىڭكىدەك ئاۋازى ئۇنىڭ كەينىدە خېلىغىچە ئاڭلىنىپ تۇردى.

-ئۇلار خورازنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا دەسسەپ بولسىمۇ ئېلىپ كېتىمىز، دېدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، خوراز بىزنىڭ ئەمەس، پۈتۈن بازاردىكىلەرنىڭمىش،- دېدى ئايال.

پولكوۋنىك باشقىلار خورازنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن خوتۇنىنىڭ چىرايى جەسسەتنىڭكىدەك تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. خوتۇنىنىڭ ئۆزىنى خىجىلچىلىقتا قالدۇرماسلىق ئۈچۈنلا شۇ گەپنى دېگەنلىكىنى سەزدى.ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ھەيران بولۇپ كەتمىدى.

-ئۇلار توغرا قىپتۇ،- دېدى پولكوۋنىك،- جىممىدە ۋە بىر ئازدىن كېيىن يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ  قويۇپ چۈشىنىكسىز بىر ئاھاڭدا قوشۇپ قويدى،- توخۇنى ساتمايلى.

خوتۇنى پولكوۋنىكنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجرىغا كىردى. ئۇنىڭ نەزىرىدە پولكوۋنىك ھەقىقىي بىر ئادەم ئىدى؛ ئەمما تۇتقىلى، چۈشەنگىلى بولمايدىغان، كىنودىكى ئارتىسلارغىلا ئوخشايدىغان سېرىق ئەر ئىدى. پولكوۋنىك كېيىم ئىشكابىدىن بىر تۇتام قەغەز پۇلنى ئېلىپ يانچۇقىدىكى پۇل بىلەن قوشۇپ سانىدى، ئاندىن يەنە ئىشكاپقا سېلىپ قويدى.

-بۇ يەردە 29 پىسو بار، سارۋاسنىڭ پۇلىنى بېرىۋېتەيلى،- دېدى پولكوۋنىك،- قالغان پۇلنى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ياردەم پۇلى كەلگەندىن كېيىن قايتۇرامىز.

-ئەگەر كەلمىسىچۇ؟- سورىدى خوتۇنى.

-كېلىدۇ.بىراق، كەلمەي قالسىچۇ.

-ئۇ چاغدا قايتۇرمايمىز-دە.

پولكوۋنىك كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن يېڭى ئايىغىنى ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن يەنە كىيىم ئىشكابىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى ۋە ئىشكاپتىن بىر قاتتىق قەغەز كورۇپكىنى ئالدى. ئاندىن ئاياغنىڭ چەمىنى لاتىغا پاكىز ئېرتىپ يەنە كورۇپكىغا سېلىپ قويدى. خوتۇنى بىر چەتتە مىدىر – سىدىر قىلماي ئېرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇراتتى.

-ئاياغنى قايتۇرىۋېتىڭ،- دېدى پولكوۋنىك،- شۇنداق قىلساق سارۋاسقا ئون ئۈچ پىسونى جىقراق بېرەلەيمىز.

-لېكىن خەق قايتۇرغان مالنى ئالمايدۇ- دە،- دېدى خوتۇنى.

-نېمىشقا ئالمىغۇدەك،- دېدى پولكوۋنىك رەددىيە بېرىپ،- مەن ئاياغنى ئاران ئىككى قېتىملا كىيگەن تۇرسام.

-تۈركلەر بۇنداق ئىشلاردا غەرەز ئۇقماي تۇرىۋالىدۇ،- دېدى خوتۇنى.

-چوقۇم ئۇقۇشى كېرەك.

-غەرەز ئۇقمىسىچۇ!

-سۆزلەپ قايىل قىلىشىڭىز كېرەك.

ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن تاماق يېمەيلا ئۇخلاشقا تەرەددۇتلاندى. خوتۇنى تىلاۋەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن پولكوۋنىك چىراغنى ئۆچۈردى، ئەمما ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمىدى. ئۇ قوڭغۇراق ساداسىنى ئاڭلىدى. ھايال ئۆتمەي ( ئۈچ سائەتتىن كېيىن) كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش پۇشتىكى چېلىندى. تاڭ سەھەرگە يېقىن مۇزدەك ھاۋادا پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنىنىڭ نەپەس ئېلىشى تېخىمۇ قىيىنلاشتى. ئايال سىلىق ئاھاڭدا گەپ قىلغاندا، پولكوۋنىك تېخى ئۇخلىمىغانىدى.

-ئويغاندىڭىزما؟

-ھەئە.

-داۋلى سۆزلىشىڭىز كېرەك،- دېدى خوتۇنى،- ئەتە بېرىپ سارۋاس بىلەن پاراڭلىشىڭ.

-ئۇ دۈشەنبە كۈنى قايتىپ كېلىدۇ.

-ئۇنىڭدا تېخىمۇ ياخشى،-دېدى خوتۇنى،- ئاڭغىچە نېمە دېيىش كېرەكلىكى توغرىلىق كەڭ- كۇشادە ئويلىنالايسىز ئەمەسمۇ؟

-ئويلانغۇدەك ھېچ ئىش يوق،- دېدى پولكوۋنىك.

ئۆكتەبىردىكى قۇرغاق ھاۋانىڭ ئورنىنى نەمخۇش ھاۋا ئىگىلىگەنىدى. پولكوۋنىك پلوۋېرنىڭ①(دېڭىز ساھىلىدا توپلىشىپ ياشايدىغان بىر خىل قۇش) تۇرمۇش قانۇنىيتىگە ئاساسەن دېكابىرنىڭ كىرىپ قالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. سائەت ئىككىگە داڭ ئۇرۇلغاندا پولكوۋنىك تېخى ئۇخلىمىغانىدى. ئەمما ئۇ خوتۇنىنىڭمۇ ئويغاق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ كارىۋاتتا بىر ئۆرۈلۈپ ياتتى.

-ئۇخلىيالمايۋاتامسىز؟- سورىدى خوتۇنى.

-ھەئە.

خوتۇنى بىردەم ئويلىنىپ قالدى.

-بۇنداق قىلمايلى،- دېدى خوتۇنى،- ئويلاپ باقمامسىز؟ 400 پىسونى بىر يەرگە قويسىڭىزمۇ بىر مۇنچە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟

-بەرىبىر ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر پۇلىمۇ ئۇزۇنغا قالماي كېلىدۇ،- دېدى پولكوۋنىك.

-بۇ گەپنى دەۋاتقىنىڭىزغا ئون بەش يىل بولدى.

-شۇڭا،- دېدى پولكوۋنىك،- ئەمدى جىق كېچىكمەيدۇ.

خوتۇنى چۇڭقۇر ئويغا چۆمدى. ئۇ گەپنى قايتا باشلىغاندا، پولكوۋنىكقا ۋاقىت بىر ئىزىدا توختاپ قالغاندەكلا بىلىندى.

-بۇ پۇلنىڭ مەڭگۈ كەلمايدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تويۇپ تۇرىدۇ،- دېدى خوتۇنى.

-چوقۇم كېلىدۇ.

-ئەگەر كەلمىسىچۇ؟

پولكوۋنىك قاۋاب قايتۇرغىدەك گەپ تاپالمىدى .خوراز تۇنجى قېتىم چىللىغاندا، پولكوۋنىڭ يەنە رېئاللىقا قايتىپ كەلدى ۋە ھايال ئۆتمەي تولىمۇ چۈش قوينىغا غەرق بولدى. ئويغانغاندا قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەنىدى. ئەمما خوتۇنى تېخىچە سۈت ئۇيقۇدا ئىدى. پولكوۋنىك بۈگۈن كۈندىكىدىن ئىككى سائەت ۋاقچە تۇرغان بولسىمۇ، ئادىتى بويىچە كۈندە ئەتىگەندە قىلىدىغان ئىشلارنى رەت- رېتى بىلەن قىلغاچ، خوتۇنىنىڭ ئويغىنىپ ناشتىغا ئولتۇرىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى.

خوتۇنى ئۈندىمەي ئورنىدىن تۇردى. ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن تىنىچلىق سوراشقاندىن كېيىن جىممىدە ناشتىغا ئولتۇردى. پولكوۋنىك بىر پارچە پىشلاق، بر تاتلىق بولكا يېدى، بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچتى. چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىنى ماشىنچىخانىدا ئۆتكۈزۈپ، سائەت بىر بولغاندىلا ئۆيگە قايتىپ كەلدى. خوتۇنى ياماق ياماپ ئولتۇراتتى.

-چۈشلۈك تاماق يەيدىغان ۋاقىت بولدى،- دېدى پولكوۋنىك.

-تاماق يوق،- دېدى خوتۇنى.

پولكوۋنىك مۈرىسىنى چىقىرىپ قويدى ۋە بالىلارنى ئاشخانىغا كىرىۋالمىسۇن دېگەن ئويدا رىشاتكىدىكى ئاراچلارنى ئېتىشكە باشلىدى. ئۇ كارىدۇرغا قايتىپ كىرگەندە شىرەگە چۈشلۈك تاماق تىزىلىپ بولغانىدى.

تاماق ۋاقتىدا پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ يىغىدىن ئۆزىنى زورمۇ- زور تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى سەزدى ۋە كۆڭلى بىر قىسمىلا بولۇپ كەتتى. ئۇ خوتۇنىنىڭ مىجەزىنى بىلەتتى. قىرىق يىلنى رىيازەت ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بۇ ئايال ئەمدىلىكتە تېخىمۇ قەيسەر بولۇپ كەتكەنىدى. ئوغلىنىڭ ئلۆلۈمىدىمۇ ياش تۆكمەسلىكى بۇ نوقتىنى تولۇق ئىسپاتلايتتى.

پولكوۋنىك ئەيىبلەش نەزىرى بىلەن خوتۇنىغا قارىدى. ئايال لىۋىنى چىڭ چىشلەپ كۆزىنى يېڭىدە سۈرتىۋەتكەندىن كىيىن يەنە تاماق يېيىشكە تىرىشتى.

-باشقىلارنى پەقەت ھۆرمەت قىلمايدىكەندسىز،- دېدى خوتۇنى.

پولكوۋنىك ئۈنچىقمىدى.

-سىز شۇنداق ئۆز بېشىمچى، تەرسا، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلمايدىغان ئادەمكەنسىز،- خوتۇنى گېپىنى يەنە تەكرارلىدى. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمەيلا پەتنۇسقا قاچا- قومۇشنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا سالدى، ئارقىدىنلا يەنە ئۇلارنى رەتلىك قىلىپ تىزدى.

-بىر ئۆمۈر جاپا چېكىپتىمەن. ئاخىر بېرىپ ئالدىڭىزدا ئاشۇ خورازچىلىك قەدر- قىممىتىم قالمىدى.

-بۇ ئىككىسى ئىككى ئىش،- دېدى پولكوۋنىك.

-بىر ئىش،- دېدى خوتۇنى پولكوۋنىكقا رەددىيە بېرىپ،- بىلىشىڭىز كېرەك. مەن ئۆلەي دەپ قالدىم. مېنى كېسەل دەپ چۈشەنمەڭ. سەكرات ئىچىدە جان تالىشىۋاتىمەن.

پولكوۋنىك ئۈندىمەي ئولتۇرۇپ، تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىنلا گەپ باشلىدى:

-ئەگەر دوختۇر ماڭا خورازنى سېتىۋەتسەملا زىققا كېسىلىڭىزنى ساقايتقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەرگەن بولسا، مەن ئۇنى ھازىرلا سېتىۋېتەتتىم. لېكىن، سىزنى ساقايتىش ئۇنىڭ قولىدىن كەلمىسە، خورازنى ساتمىغىنىمىز تۈزۈك.

چۈشتىن كېيىن پولكوۋنىك خورىزىنى توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىغا ئېلىپ باردى. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە خوتۇنىنىڭ كېسىلى قوزغىلىپ قالغانىدى. چاچلىرى يەلكىسىگىچە چۇۋۇلۇپ چۈشكەن ئايال كارىدوردا ئويان- بويان ماڭاتتى، ئۆپكىسىدىن گىژ- گىژ ئاۋاز چىقىپ تۇرسىمۇ، قۇچىقىنى كەڭ يېيىپ ساپ ھاۋادىن ئەركىن نەپەس ئېلىشقا تىرىشاتتى. ئايال كارىدوردا گۇگۇم چۈشكىچە تۇرغاندىن كېيىن ئېرىگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئۇخلاشقا ماڭدى.

ئايالنىڭ تۆۋەن ئاۋازدا قىلغان تىلاۋىتى كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى چېلىنىپ خېلىدىن كېيىن تۈگىدى. پولكوۋنى چىراقنى ئۆچۈرۈشكە تەمشىلىۋىدى، خوتۇنى دەرھال قارشى چىقتى:

-مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىشنى خالىمايمەن.

پولكوۋنىك جىن چىراغنى يەردە قويدى. پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ھارغىنلىق بېسىپ كەتكەندەك بولدى، كۆڭلىدە ھەممە ئىشلارنى بىراقلا ئۇنتۇپ كەتسەم، قىرىق تۆت كۈن ئۇخلاپ، 24-دېكابىر ، يەنى توخۇ سوقۇشتۇرۇلىدىغان ۋاقىتتىلا ئويغانسام-ھە، دېگەنلەرنى ئويلىدى. ئەمما خوتۇنى ئۇخلىيالمايۋاتاتتى. ئەھۋال بۇنداق تۇرسا كۆڭلى قانداقمۇ خاتىرجەم بولسۇن.

-دۇنيانىڭ ئىشلىرى ھامان مۇشۇنداق بولىدىكەن،-دېدى بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن پولكوۋنىكنىڭ خوتۇنى،- بىز ئاچلىقتىن ئۆلەر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق. ئەمما باشقىلارنىڭ يەيدىغان تامىقى بار. قىرىق يىلدىن بېرى ئىزچىل مۇشۇنداق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

پولكوۋنىك خېلىغىچە گەپ- سۆز قىلماي يېتىپ، خوتۇنى:« ئويغاقمۇ سىز؟» دەپ سورىغاندىلا « ئويغاق» دەپ جاۋاب بەردى. خوتۇنى تەنبىھ ئاھاڭىدا تېز- تېز سۆزلەشكە باشلىدى:

-باشقىلار بۇ خورازدىن پايدىلىنىپ پۇل تاپالايدۇ. ئەمما بىز تاپالمايمىز. بازاردا بىزگە ئوخشاش دوغا تىككىلى بىر پۇڭمۇ پۇلى يوق ئادەم بولمىسا كېرەك.

-توخۇنىڭ ئىگىسى 20پىرسەنت پايدا ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

-توغرا، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار سىزنى سايلامدا پىداكارلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلغاندا سىزمۇ ئۇلاردىن خىزمەت تەلەپ قىلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق ئىدىڭىز،- دېدى خوتۇنى،- ئىچكى ئۇرۇشتا جىق خىزمەت كۆرسەتكەندىن كېيىن ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر پۇلى ئېلىشقا تامامەن ھەقلىق ئىدىڭىز. ھازىر بازاردىكى جىمى ئادەمنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە. سىزلا ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان غېرىب بىچارە ئادەم بولۇپ قالدىڭىز.

-مەن غېرىب ئەمەس،- دېدى پولكوۋنىك.

ئۇ يەنە ئازراق چۈشەندۈرۈش بەرمەكچى بولدى، ئەمما ھايال ئۆتمەيلا ئۇخلاپ قالدى. خوتۇنى ئۆزى بىلەن ئۆزى بىرمۇنچە غۇدىرىغاندىن كېيىنلا ئېرىنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى سېزىپ سۆزىدىن توختىدى ۋە پاشىلىقتىن چىقىپ قاراڭغۇ ئۆيدە ئۇيان- بويان ماڭغاچ داۋاملىق سۆزلەشكە باشلىدى. تاڭ يۇرۇشى بىلەن پولكوۋنىك ئۇنى چاقىردى.

ئايال ئىشىكتە ئەرۋاھتەكلا پەيدا بولدى. ئۆچەي دەپ قالغان چىراغ ئايالنىڭ چىرايىنى سۇس يۇرىتىپ تۇراتتى. ئۇ پاشىلىققا كىرىشتىن ئىلگىرى چىراقنى ئۆچۈردى، ئەمما ئاغزى سۆزدىن بېسىلمىدى.

-خورازنى سېتىشتىن باشقا ئىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ،- دېدى خوتۇنى.

-سائەتنى ساتساقمۇ بولىدىغۇ.

-ئەتە بىر ئامال قىلىپ ئارۋالودىن قىرىق پىسو ئالارمەن.

-ئۇ سىزگە پۇل بېرەمتى.

-ئەمسە رەسىمنى ساتارمىز.

خوتۇنى يەنە پاشىلىقنىڭ سىرتىغا چىقىۋېلىپ گەپ قىلىشقا باشلىدى. ئۇ نەپەس ئېلىۋاتقاندا پولكوۋنىك ئۆتكۈر دورا ھىدىنىڭ ئەتراپقا قاراۋاتقانلىقىنى سەزدى.

-ئۇ رەسىمنى خەق ئالمايدۇ،- دېدى ئايال.

-قاراپ تۇرۇڭ-ھە،- پولكوۋنىك مۇلايىم ئاۋازدا شۇنداق دېدى، ئەمما تەلەپپۇزىدا ئازراقمۇ ھاياجانلىنىش ھېسىياتى يق ئىدى،- ھازىرچە ئۇخلاڭ. ئەگەر ئەتە ھېچنىمىنى ساتالمىساق باشقىچە بىر ئامال قوللىنارمىز.

قاتتىق مۈگدەك باسقان پولكوۋنىك ھەرقانچە قىلىپمۇ كۆزىنى ئاچالمىدى. ئۇ زامان- ماكانلىق خۇسۇسىيتى ئېنىق بولمىغان بىر دۇنيانىڭ ئەڭ چۇڭقۇر تەكتىگە، خوتۇنىنىڭ گەپلىرى چۇڭقۇر مەنىگە ئىگە بولغان باشقىچە بىر زىمىنغا غەرق بولدى. ئەمما ھايال ئۆتمەي بىرسىنىڭ مۆرىسىدىن تۈرتىۋاتقانلىقىنى سەزدى.

-گېپىمگە جاۋاب بېرىڭ!

پولكوۋنىك خوتۇنىنىڭ ئاشۇ گېپىنى چۈش كۆرۈشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئاڭلىغانلىقىنى بىلەلمەيتتى. شەرق ئاسمىنى ئاقىرشى بىلەن يەكشەنبە كۈنىدىكى سەھەرنىڭ يارقىن نۇرلىرى دېرىزىدىن تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئۆزىنى قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىۋاتقاندەك سەزگەن، كۆزلىرى لازا قۇيغاندەك ئېچىشىپ كېتىۋاتقان پولكوۋنىك تولىمۇ تەستە ئۇيقۇسىنى ئاچتى.

-ھېچنىمىنى ساتالمىساق قانداق قىلىمىز؟- خوتۇنى يەنە سورىدى.

-ھېچنىمە ساتالمىغان كۈنى يانىۋارغا يىگىرمە بولىدۇ،- دېدى پولكوۋنىك ئۇيقىدىن پۈتۈنلەي يېشىلىپ،- شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇلار پايدىنىڭ يىگىرمە پىرسەنتىنى بىزگە بېرىدۇ.

-خورىزىمىز يەڭسىغۇ بېرەر،- دېدى خوتۇنى،- بىراق يېڭىلىپ قالسىچۇ؟ خورازنىڭ يېڭىلىپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئويلىمىدىڭىزمۇ؟

-بۇ خوراز ھەرگىز يېڭىلمەيدۇ.

-ئەگەر يېڭىلىپ قالسىچۇ؟

-بۇ ئىش توغرىلىق قىرىق بەش كۈندىن كىيىن باش قاتۇرساقمۇ ئۈلگۈرىمىز،- دېدى پولكوۋنىك.

خوتۇنىنىڭ ئاچچىقى كەلدى.

-لېكىن، شۇڭغىچە بىز نېمە يەيمىز؟- سورىدى خوتۇنى پولكوۋنىكنىڭ فرانسوزچە كۆڭلىكىنىڭ ياقىسىنى كۈچەپ تارتىۋېتىپ،- ئېيتىڭە زادى نېمە يەيمىز؟

پولكوۋنىك يەتمىش بەش يىلدىن كېيىن- بىر مىنۇت ، بىر مىنۇتتىن ياشاپ يەتمىش بەش يىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سەكراتقا چۈشۈپ قالدى ۋە ئۆزىنى پاك، تۈز، يېڭىلمەس ئادەم سېزىپ:

-پوق يەيمىز!- دەپ جاۋاب بەردى.

(خەنزۇچە« گارسىيە ماركوس پوۋېست، ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن)

دۇنيا ئەدەبىياتى 1998- يىل 5- سان

]]>
?feed=rss2&p=12002 1
تەلەي : (مارك تىۋىن) ?p=11349 ?p=11349#comments Sun, 18 Nov 2012 06:41:06 +0000 ?p=11349 تەلەي

(ھېكايە)

مارك تېۋىن (ئامېرىكا)

قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

مەن نامى شۇ چاغدىكى پۈتۈن ئەنگىلىيىگە  مەشھۇر بولغان بىر ئوفېتسېر ئويۇشتۇرغان زىياپەتكە قاتناشتىم.ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ۋە مەنسىپىنى ئېيتقۇم يوق. ئۇنى گېنرال-لېيتنات لورد ئارتور سىكوربىي دەپ ئاتايمەن.

بۇ ئۇلۇغ ھەم مەشھۇر شەخىسنى كۆرگەن چېغىمدىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزمەن. ئۈستىبېشى ھەرخىل ئۇردېنلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بۇ مەشھۇر شەخىس بىر تەرەپتە ئۆزى يالغۇز  ئولتۇراتتى. مەن ئۇنى ھەقىقىي ئۇلۇغلۇقنىڭ نامايەندىسىدەك ھېس قىلىپ ، ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەيتتىم.  شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىززەت ئېكرامى ، قايىللىق ئىلىكىدە تىكىلگەن كۆزلەر  ئۇنىڭغا ئازراقمۇ تەسىر قىلغاندەك ئەمەس ئىدى.

بىر باستېر (چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى) ئاغىنەم يېنىمدا ئولتۇراتتى. ئۇ باستېر بولۇشتىن ئىلگىرى ھاياتىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ۋۇلۋېچ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇ مەن تەرەپكە قىيسىيىپ ، غەلىتە بىر خىل چىراي ئىپادىسى بىلەن پەس ئاۋازدا شۇنداق دېدى:

ـــ ھېچكىمگە دېمە ، ئۇ بىر ئۇچىغا چىققان ئەخمەق.

ئۇ دەۋاتقان ئەخمەق زىياپەتتىكى ئاشۇ ئۇلۇغ قەھرىمان ئىدى.

دوستۇمنىڭ بۇ گېپىدىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ كەتكەندەك بولدى. ئۇنىڭ ئەخمەقكە چىقىرىۋېتىلىشى ناپالىئون ياكى سوقرات ۋە ياكى سولومون شاھىنىڭ  ئەخمەقكە چىقىرىۋېتىلىشىدىنمۇ ئۆتە مېنى چۆچۈتتى. بىراق  مېنىڭ بۇ دوستۇم تولىمۇ ئىشەنچىلىك كىشى ئىدى. ئۇ ھەمىشە راست گەپ قىلاتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ باشقىلارغا بەرگەن باھاسى مۇتلەق توغرا چىقاتتى. شۇنداق بولغاچقا مەن بۇ مەشھۇر قەھرىماننىڭ مەخپىيىتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېزراق بىلىۋېلىشقا تىرىشتىم. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاشۇ باستېر ئاغىنەمنى تېپىپ پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.  ئۇ  ئاشۇ مەشھۇر قەھرىمان توغرىسىدا سۆزىنى باشلىدى:

تەخمىنەن قىرىق يىلچە ئىلگىرى مەن ۋۇلۋىچ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا ياش سىكورىسبىي ئۆزىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئىمتىھانىغا قاتناشتى. شۇ ھاغدىلا ئۇنىڭ تولىمۇ بىچارىلىكىنى ھېس قىلدىم.ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىسى سوئاللارغا شۇنچىلىك توغرا ، ئۆلچەملىك جاۋاب بېرەتتى. بىراق ئۇلا ، ئاھ خۇدا ، نېمىشقىكىن تاڭ ھېچنىمىنى بىلمەيتتى. ئۇ ئۆزى بىر دوستانە ، يۈرۈش تۇرىشى سىپايە يىگىت ئىدى. بىراق ياغاچتەك تۇرىۋېلىپ ، سوئاللارغا بەرگەن ئەخمىقانە جاۋابلىرى كىشىنى تولىمۇ ئازابلايتتى.

ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم ئىمتىھان ئېلىنسا بۇ ھالى بىلەن ئوخشاشلا مەغلۇپ بولۇپ، مەكتەپتىن ھەيدىلىشى ماڭا ئېنىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بارلىق كۈچۈمنى ئىشقا سېلىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ئازراق بولسىمۇ  ياخشى ئىش قىلماقچى بولدۇم.

ئۇنى يان تەرەپكە ئاپىرىپ ئۇنىڭ  قەيسەر (رىم پادىشاھى، رىم شاھلىرىنىڭ ئومومىي ئاتىلىشى) توغرلۇق ئازراق چۈشەنچىسىدىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەيدىغانلىقى ماڭا ئايان بولدى. شۇنداق قىلىپ  ئۆزۈم بىلگەن دائىرە ئىچىدە قەيسەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئۇنىڭغا قايتا – قايتا ئۆگەتتىم. ماتېماتىكىنىڭ ئۇنى نابۇت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئازاب ئېلىپ كېلىدىغانلىقنى ھېس قىلىپ ، ئۇنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش  ئۈچۈن  بىلىشكە تېگىشلىك بارلىق نەرسىنى ئۇنىڭ دۆت مېڭىسىگە سىڭدۈرۈشكە تىرىشتىم. ئىمتىھان خادىملىرىنىڭ سوراش ئېھتىمالى  يۇقىرى بولغان مىساللارنى ئۇنىڭغا ئېزىپ ئىچۈردۈم. ئاخرىدا يەنە مېڭىسىنى كۈچلەندۈرۈش دورىلىرىنىمۇ يېگۈزدۈم. ئۆزۈمنىڭ ھەربىيلىكنىڭ ئەھلى بولمىغان بۇنداق بىر ئەخمەقكە بىر نەرسە ئۆگىتىمەن دەپ  چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزىۋاتقان بولساممۇ  يەنىلا  كېچە-كۈندۈز بەرداشلىق بېرىپ  ئۇنى مەكتەپتىن قوغلىنىپ كېتىشتىن ، ھەقىقىي ئىمتىھاندا ئۇنىڭ نابۇت بولۇپ كېتىشىدىن ساقلاپ قالماقچى بولغان ئىدىم.ئۆزۈمنىڭ بۇنچىلىك ساخاۋىتىدىن كىشىنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان بۇنداق كۈلكىلىك نەتىجە چىقىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.

ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مېيىپ بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ئانىدەك ئۇنىڭغا شۇنچە كۆيۈنگەنندىمەن ، ئاقىۋەتتە ئۇ يەنىلا بىر تۈرلۈك مۆجخزە ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزغان ئىدى.

ماڭا ئىشەنگىنكى قايتا ئىمتىھان ئالغان ئاشۇ  كۈنى ئۇ ئۆزىدىن نەچچە مىڭ ھەسسە كۆپ نەرسە بىلىدىغانلارغا ئوخشاشلا ئىمتىھاندىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ  قىزغىن ماختاشلارغا ئېرىشتى. ئاجايىپ تەلەينىڭ توغرا كېلىپ قېلىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن مەن ئۆگەتكەن نەرسىلەردىن سىت ھېچقانداق سوئال سورالمىغان ئىدى. بۇنداق  توغرا كېلىپ قېلىشنىڭ  يۈزيىلدىمۇ بىر قېتىم يۈز بېرىشى  مۇمكىن بولمايتتى.  شۇنداق ئەپەندى ، ئۇ بىرىنچى دەرىجىگە  ئېرىشكەن ، ئىمتىھاندىن ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتۈپ  يۇقىرىنىڭ  كاتتا  ئىشەنچىگە ئېرىشكەن ئىدى.

كېيىن كرېمىن ئۇرۇشى باشلاندى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇرۇش تولىمۇ قورقۇنچلىق ئىش ئىدى. تىنىچلىق دەۋرلىرىدە بۇ دۆت ئېشەككە بىر قېتىملىق پىرسەت بېرىپ، ئۇنىڭ دۆتلىكىنى باشقىلاردىن يوشۇرغانلىقىم ئۈچۈن نېرۋېلىرىم جخددىيلەشكەن ھالدا بىرەر پالاكەتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم.  مەن ئويلىغان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى ، كاللامنى قورقۇنچلىق خىياللار قاپلىۋالدى. ئۇ ئەترەت باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن ئىدى. ئەترەت باشلىقلىقىدەك بۇ ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ئۇنىڭغا يۈكلەنگەنلىكىنىدن چېچىم پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم.

ئويلاپ باقە ، مەن نېمە ئىش قىلىپ قويدۇم؟ ئۆزۈمنىڭ بۇ ئىشى ئۈچۈن دۆلەتكە مەسئۇل بولۇش كېرەك ئىدى. ئاخىر پۈتۈن كۈچۈم بىلەن دۆلەتنى قوغداپ قېلىش قارارىغا كەلدىم-دە، ئۇنىڭ ئەترىتىگە ئەسكەر بولۇپ كىردىم. بىز ئۇرۇش مەيدانىغا ئاپىرىلدۇق.  ئاھ  خۇدا… شۇنىڭ بىلەن قورقۇنچلىق ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى. ئۇ ئەزەلدىن ئەخمەقلەرچە خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن باشقا قاچان بىر توغرا ئىش قىلىپ باققان دەيسەن. بىراق سەنمۇ بىلىسە، ھېچكىم ئۇنىڭ بىر دەلدۈشلىكىنى بىلمىگەچكە ھەممىسى ئۇنىڭ ئەخمىقانە يوليۇرىقىنى كەم- كۈتىسىز بەجا كەلتۈرۈشەتتى. ئۇنىڭ سادىر قىلغان ئەڭ كىچىك خاتالىقىمۇ ئەقلى-ھوشى جايىدا ئادەمنى ئازابلاپ، ئاچچىق بىلەن تولغاندۇرىۋېتەتتى. مېنى ئىزچىل غەم- ئەندىشىگە  سېلىپ كېلىۋاتقىنى ئۇ ئەخمەقلەرچە ئۆتكۈزگەن بەربىر خاتالىقنىڭ ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى ئابروي ۋە شۆھرەتكە ئېرىشتۈرىشى ئىدى. دائىم ئۆزۈمگە شۇنداق دەيتتىم: ئۇلار ئۇنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتكىنىدە قۇياش ئاسماندىن ساقىپ چۈشۈپ كەتكىنىدەك قورقۇنچلىق ئىش بولاتتى.

ئۇ ئۆزىدىن يۇقىرىلارنىڭ جەسسىدىگە دەسسەپ يۈرۈپ ھەدەپ ئۆسمەكچى بولاتتى.  كېيىنكى كۈنلەردە بىزنىڭ پولكوۋنىك جىددىي ئۇرۇشتا   قۇربان بولدى. سكورىسبىي پولكوۋنىكلىق ئورنىغا چىقاندا يۈرۈك بوغۇزۇمغا كەپلىشىپلا قالدى. ئەمدى ئازابنى يەتكۈچە تارتىدىغان بولدۇق دەپ ئويلىدىم.

جەڭ بارغانچە كەسكىنلىشىپ، بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى جەڭدە ئارقا- ئارقىدىن مەغلۇپ بولغىلى تۇردى.  بىزنىڭ پوللىك تولىمۇ مۇھىم بىر ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىدى. بۇ قېتىمدا سىكورىسبىي قانداق قىلار؟ ئۇنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەت قوللىرىنى شىلتىپ يۈرۈپ، قالايمىقان بۇيرۇقلىرى بىلەن خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.  شۇ چاغدا يۇقىرىدىن بۇيرۇق چۈشۈپ، ئۇنى كەينىگە چېكىنىپ،  قوشۇننىڭ ئوڭ قانىتىغا ھەمدەم بولۇشقا بۇيرۇدى. بىراق ئۇ بۇيرۇقنى پىسەنتىگىمۇ ئېلىپ قويماي پەرۋاسىز ھالدا داۋاملىق ئىلگىرلەپ، سول تەرەپتىكى تاغقا يامىشىشقا باشلىدى. بۇ قېتىملىق ئەسەبىيلەرچە ھەرىكەت تېخى توسۇۋېلىشقا ئۈلگۈرمەسەستىنلا ھەممىمىز تاغ چوققىسىغا چىقىپ بولدۇق. بۇ چاغدا قانداق ئىشقا يولۇقتۇق بىلەمسەن؟ جەڭگە ئازراقمۇ تەييارلىقى بولمىغان روسىيە ئارمىيىسى ئاشۇ يەردە بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇشقان ئىكەن.   بۇنداق جىددىي پەيتتە پەقەت بىرلا پوللىكنىڭ  بۇ يەردە تىمىسقىلاپ يۈرۈشنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقىنى بىلەگەن روس ئەسكەرلىكى بىزنى كۆرۈپ پۈتۈن ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى بىزگە قاراپ كېلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ، جىددىيلەشكىنىدىن ئۆز-ئارا جەڭگى- جېدەل قىلىشقىنىچە ئالدىراپ تېنەپ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ  تاغدىن چۈشمەكچى بولۇپ قېچىشقا باشلىدى. قانلىق جەڭ شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. بىز ئۇلارنىڭ  كەينىدە بولغاچقا روس ئەسكەرلىرى ئەزەلدىن ئۇچراپ باقمىغان زور مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولدى. بىز بولساق مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئۆزگەرتىپ ، ئاجايىپ شانلىق غەلىبىگە ئېرىشتۇق.

مارشال كان روبېرت ھەيرانلىق ۋە خۇشاللىق ئىچىدە جەڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ، ئوڭ قانات قوشۇننى  ۋە ئۆز قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى سكوربىيگە ھەمدەمگە ئەۋەتىپ، بىزنىڭ پوللىكنى بارلىق قوشۇننىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.

شۇ  كۈندىكى غەلىبىدىن سكوربىينىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى  ئاجايىپ ئىستېداتى پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ، ئۇنىڭ بۇ شانلىق غەلىبىسى تارىخ بېتىگە پۈتۈلدى.

يامغۇرلۇق كۈندە ئۆيدە ئولتۇرسا ياكى سىرتقا چىقسا قايسسىسىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان سكورىسبىي يەنىلا شۇنداق دوستانە ، يەنىلا شۇنداق سىپايە، ئۇ يەنىلا شۇنداق دۇنيادا ئۇچىغا چىققان ئەخمەق.

تا ھازىرغا كەلگىچە سىكورىسبىي ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم بۇ ئىشنى بىلمەيدۇ. ھەر مۇنۇت ، ھەر سائەت تەلەي ئۇنىڭغا قۇچاق ئېچىپ كەلدى.  شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۇ  نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشلاردا ئىزچىل ھالدا كۆزنى ئەڭ چاقنىتىدىغان جەڭچى سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ ھەربىيلىك ھاياتىدا ئۈزۈلدۈرمەي سادىر قىلىپ كەلگەن خاتالىقلىرى ، ئۇنى توختاۋسىز يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشتۈرۈپ كەلدى. قارا ، ئەپەندى!  ئۇنىڭ مەيدىسىدىكى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن بېرىلگەن خىلمۇ- خىل ئوردېنلارغا. ھەر بىر تال ئوردېن ئۇنىڭ ھەربىر قېتىم سادىر قىلغان ئەخمەقلەرچە قىلمىشىنىڭ خاتىرىسى.

ياخشى ئىش ھەمىشە تۇغما تەلەيلىك كىشىلەرگە يولۇقىدىكەن. ئاشۇ ئوردېنلار بۇنىڭ مىسالى ئەمەسمۇ؟ ئاشۇ قېتىملىق زىيۇاپەتتە ساڭا ئېيتقىنىمدەك: سكورىسبىي ئەخمەقلىكتە ئۇچىغا چىققان ئىسمى-جىسمىغا لايىق كالۋا.

]]>
?feed=rss2&p=11349 3
ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتىدىغان جۇڭگولۇقلار ?p=10368 ?p=10368#respond Wed, 02 Nov 2011 16:36:11 +0000 ?p=10368 ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتىدىغان جۇڭگولۇقلار

چېن زىجىيەن

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

دۆلىتىمىز جۇڭگو ھەممىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان دۆلەت، ئەمما بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، مىللىتىمىز ھاقارەتلىنىشكە، تاجاۋۇز قىلىشقا ئەڭ باب كېلىدىغان مىللەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

كوڭزىنىڭ « كىچىك ئىشلاردا سەۋر- تاقەتلىك بولمىساڭ، ئۇلۇغۋار پىلان بۇزۇلىدۇ» دېگەن گېپى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان. چۈنكى ئۇ كىشىلەرگە: «كىچىك ئىشلاردا سەۋر- تاقەتلىك بول. ھوقۇقۇڭ باراۋەر بولسىمۇ، لېكىن چوڭ پىلانىڭنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ كىچىك ئىشلارنى كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئۆتكۈزۈۋەت» دەپ نەسىھەت قىلاتتى. مۇبادا قارشى تەرەپ سىزنى ئۇلۇغۋار پىلانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى قويمىسا، ئۇ ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس. ئەگەر سىزدە ئادىمىيلىك قېنىلا بولىدىكەن، بۇنىڭغا سەۋر- تاقەت قىلىپ تۇرالمايسىز. كوڭزى بۇنداق دىگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ ھەمىشە غەزەبتىن ساقاللىرى تىتىرەپ كېتەتتى. ئالايلۇق، ئۇ لۇ دۆلىتىدە دەۋران سۈرۈۋاتقان لى شى تۆرىنىڭ ئۆيىدە پەقەت تەڭرىقۇتلا ھۇزۇرلىنىشقا مۇناسىپ كېلىدىغان نەغمە- ناۋا ۋە ئۇسسۇلىدىن ئۆزى يالغۇز ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا: «بۇنىڭغا چىداش كېرەكتە! بۇنىڭغا چىدىماي نە چارە!» دېگەن. يەنە بىر قېتىم چى دۆلىتى لى شىغا بىرنەغمىچى ئايالنى تارتۇق قىلغان. لى خېڭزى بۇ ئايال بىلەن ئەيىش- ئىشرەت قىلىش بىلەن ئەس- ھوشىنى يوقىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئۈچ كۈن كارى بولمىغان. نەزىر- چىراغ قىلغاندا، نەزىر گۆشىدىن كۇڭزىغىمۇ بىر ئۈلۈش ئاپىرىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغان. بۇنىڭدىن كۇڭزىنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۆرلەپ، پېشىنى قېقىپ چىقىپ كەتكەن، ھەتتا قىلىۋاتقان ئەمەلدارلىقىنىمۇ چۆرۈپ تاشلىغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى، كۇڭزىنىڭمۇ تېخى پىشمىغان تەرەپلىرى بار.

بەش دەۋر ۋاقتىدا، فېڭ داۋ كوڭزىنى ئۆزىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سەۋرچانلىق يېتىلدۈرۈشكە سەرپ قىلغان ۋاقتىنى كوڭزىنىڭكىدىن ئۇزۇن دەپ قارىغان. ئۇنىڭغا ۋەزىرلىك پەرمانى چۈشكەندە، بىر كىشى كوچىدا بىر ئېشەكنى يېتىلەپ ماڭغان. ئۇ لاتىغا « فېڭ داۋ» دېگەن خەتنى يېزىپ، ئېشەكنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويغان. بۇ ئېنىقكى ئۇنى مەسخىرە قىلغانلىق ئىدى. ئۇ بۇنى كۆرۈپ قىلچە پەرۋا قىلمىغان. بىر دوستى ئۇنىڭغا: «بۇ ئىشقا قۇلىقىڭنى يوپۇرۇۋېلىپ يۈرۈۋەرمە» دېگەندە، ئۇ: «جاھاندا ئوخشاش ئىسىملىكلەر دېگەن كۈرمىڭ. فېڭ داۋ ئىسىملىك ئادەم يالغۇز مەنلا ئىدىممۇ؟ خەقلەر بىرەر ئېشەكنى تېپىۋالغان بولسا، ئېشەكنىڭ ئىگىسى تېپىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغاندۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

كونىلاردا: «ۋەزىرلەرنىڭ قورسىقىدا كېمە قاتنايدۇ» دەپ گەپ بار. قورسىقى تار بولسا، ھېچنىمىگە سەۋر- تاقەت قىلالمايدۇ. ئۇنداق ئادەم ۋەزىر بۇلۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدۇ. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لۇشىدى ئىسىملىك بىر ۋەزىر بولغان. ئۇ ئۆزى ئىنىسىنى دەي ئايمىقىنىڭ تۇتۇق بەگلىكىگە تەيىنلىگەن. ئىنىسى ماڭار چېغىدا، ئۇ ئىنىسىگە تاپىلاپ: «مېنىڭ قۇربىتىم چەكلىك بۇلۇپ قالدى، مۇشۇ يەردە ۋەزىرلىك ئورنىنى ئىگىلەپ تۇراي. سەن ھالا بۈگۈن بىر ئايماقنىڭ تۇتۇقبېگى بولدۇڭ، جەمەتىمىزنىڭ شۆھرىتى زىيادە، بۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقى قوزغالماي قالمايدۇ. شۇنداق ئىشقا دۇچ كەلسەڭ قانداق قىلىسەن؟» دېگەن. ئىنىسى: «بۈگۈندىن ئېتىبارەن بىراۋ يۈزۈمگە تۈكۈرسە، مەن غىڭ- پىڭ قىلماي يۈزۈمدىكى تۈكۈرۈكنى سۈرتۈۋېتىمەن. بۇنداق قىلسام، ئاغامغا باش ئاغرىقى تېپىپ بەرمىگەن بولمامدىمەن؟» دېگەن. لۇشىدى: «بۇ دەل مېنىڭ بېشىم ئەڭ قاتىدىغان ئىش. بىراۋنىڭ يۈزۈڭگە تۈكۈرگەنلىكى ساڭا ئاچچىقى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىراۋ يۈزۈڭگە تۈكۈرسە ھەرگىز سۈرتمە، تۈكۈرۈك ئۆزلۈكىدىن قۇرۇپ كەتسۇن. سەن نېمىشقا بۇ ئىشنى كۈلكىگە زورلاپ ئۆتكۈزۈۋەتمەيسەن؟» دېگەن. ئىنىسى: «ئاغامنىڭ يوليورۇقىنى جېنىم بىلەن بەجا كەلتۈرىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. مانا بۇ لۇشىدىنىڭ «يۈزدىكى تۈكۈرۈك ئۆزلۈكىدىن قۇرۇپ كېتىدۇ» دېگەن ھېكايىسىدۇر. بۇ ھېكايە ئەمەل- مەنسەپ ئۈچۈن ھەرقانداق خورلۇققا چىداشتىن ئايانماسلىق پىسخىكىسىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن.

مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چوڭ زىيالىي بەي شا تەقسىر سەۋر- تاقەت توغرىسىدىكى مۇنداق ھېكمەتلەرنى قالدۇرغان: « تەمە- غەزەبنىڭ مەنبەسى. غەزەب ئوتى لاۋۇلدىغاندا ئۇنى سەۋر- تاقەت بىلەن بېسىش كېرەك. سەۋر- تاقەت قىلغانسېرى كىشى شۇنچە قەيسەرلىشىدۇ. كىشى قانچە سەۋر- تاقەت بولسا، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە شۇنچە سازاۋەر بۇلىدۇ. چوڭ ئىشلارغا پۇتلاشمىسا، سەۋر- تاقەت قىلغاننىڭ زىيىنى يوق. ئەگەر كىشى سەۋر- تاقەتلىك بولمىسا، مەغلۇبىيەتكە قاراپ يول ئالىدۇ!» ئۇ سەۋر- تاقەت قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولماقچى بولغان. ئەپسۇس، ئۇ لۇشىدى، فېڭ داۋ قاتارلىقلارغا ئوخشاش ۋەزىر بولۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن دۆلەت باشقۇرۇپ باقمىغان. پەقەت سەۋرچانلىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇشنىلا ئۆگەنگەن. ئائىلدىن دۆلەتكىچە «سەۋرچانلىق» دېگەن بۇ سۆزدىن ئايرىلالمايدۇ. سەۋر- تاقەت قىلىشتا جۇڭگولۇقلارنى دۇنيادىكى ئەڭ سەۋرچان مىللەت دېيىشكە بۇلىدۇ.

سەۋرچانلىقنى بىزنىڭ بىردىنبىر دۆلەت گۆھىرىمىز دىيىشكە بۇلىدۇ. سەۋرچانلىق پەلسەپىسىنى تەرىقەتچىلەر ئەڭ بۇرۇن ئىجاد قىلغان، ئۇ تېخى پاتنېت ھوقوقىغا تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىنمىدى. لاۋزىنىڭ مۇنازىرىلەشمەسلىك مەسلىكى دەل ئۇنىڭ سەۋر- تاقەت قىلالايدىغانلىقىدا. ئۇ: «دۇنيادا مۇنازىرىلەشكۈدەك ھېچنىمە يوق» دېگەن. بۇنى ئۇنىڭ نەيرىڭى دېيىشكە بولىدۇ. تەرىقەتچىلەر ھەمىشە خۇاڭدىنى لاۋزى بىلەن تەڭ ئورۇندا قۇيۇپ، «خۇاڭدى- لاۋزى ئىلىمى» دەپ ئاتايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ توغرا ئەمەس. خۇاڭدى دۆلەت قۇرۇشتا ھەممىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇرۇشخۇمارلىق ئارقىلىقلا ھەممىدىن غالىب كەلگەن. ئۇ چى يوۋنى قوغلىۋېتىپ، ياتلارنى يوقىتىپ بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئىچكى ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىپ، قالتىس بىر مەملىكەت قۇرغان. لاۋزى ئۇرۇش قىلىشنى ئەمەس، مۇلايىم، ئاجىز بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ مۇشۇ تەشەببۇسى بىلەن خۇاڭدىنىڭ كوڭزىچە ئىلىم ئىدىيىسى سىستېمىسىغا ۋارىسلىق قىلمايلا قالماستىن، ھەتتا خۇاڭدىنىڭ ئەۋلادى بۇلۇشقىمۇ مۇناسىپ كەلمەيدۇ.

بۇددا دىنى پەلسەپىسى جۇڭگوغا تارقالغاندىن باشلاپ لاۋزىنىڭ پەلسەپىسى يەنە بىر ياردەمچىگە ئېرىشتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ساكيامونى ھەزرەتلىرى لۇبىلىق ئەۋلىيا بۇلۇپ، ھەمىشە بىر دەرەخنىڭ ئاستىدا مىدىر- سىدىر قىلماستىن ئستىقامەتتە ئولتۇرىدىكەن. بىر كۈنى بىر قۇش ئۇچۇپ كېلىپ ئۇنى ياغاچ ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ بېشىغا تۇخۇم تۇغۇپ قويۇپتۇ. ئۇ ئىستىقامەتتىن پارىغ بولۇپ، بېشىدا قۇش تۇخۇمىنىڭ بارلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇ، ئەگەر ئورنۇمدىن تۇرسام قۇش ئىككىنچىلەپ بېشىمغا قونمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇشنىڭ تۇخۇمى سېسىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلاپ، تاكى تۇخۇمدىن چۈجە چىقىپ ئۇچۇرما بولغۇچە يەنە ئىستىقامەتتە ئولتۇرۇپتۇ. بۇ ھېكايىنىڭ راست بۇلۇشى ناتايىن بولسىمۇ، لېكىن بۇددا دىنى تەرغىپ قىلىدىغان سەۋر- تاقەتلىك بولۇش بىزنىڭ تەرىقەتچىلەرنىڭ تەشەببۇسىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئالتە سۇلالە دەۋرىدىكى تەرىقەتچى بۇددىستلارنىڭ ئىدىيىسى بەك كۈچلۈك ئىدى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە جۇڭگو مىللەتلىرىنى ئەڭ پالاكەت باسقانىدى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كوڭزى ئىدىيىسى ئەڭ يۇقىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى تەرىقەتچىلەر بېشىغا كوڭزىچىلارنىڭ قالپىقىنى، ئۈستىگە بولسا بۇددىست تەرىقەتچىلىرىنىڭ ئىچ كىيىمىنى كىيگەن. ئۇلار مۇنازىرىگە ماھىر ئىدى، ئەمما ئەمەلىي ماھارىتى يوق ئىدى. «مۇنازىرە تۈگىگۈچە لەشكەرلەر دەريادىن ئۆتۈپ بوپتۇ» دېگەن بۇ ماقال قەدىمدىكى مەشھۇر قارا يۇمۇر بولۇپ قالغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تەرىقەتشۇناسلىق ئوتتۇرا گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان. ئاتالمىش كوڭزىچىلار ئېقىمى يەنىلا بۇددىزم ۋە تەرىقەتچىلەرنىڭ « مېلىنى» ساتاتتى، يەنى ئۇ پاسسىپ پەلسەپە، ھورۇنلۇق پەلسەپىسى، بىر ئىزدا توختاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان پەلسەپە ئىدى. گەرچە ۋاڭ ياڭمىڭ كېرەكسىز تالىپ سانالسىمۇ، لېكىن ۋاڭ ئىلىمىنىڭ ئاخىرقى ئېقىمى تەلۋىلەرچە ئىستىقامەتتە ئولتۇرۇشقا يۈز تۇتقان. مىڭ سۇلالىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو مىللىتىنى يەنە 300 يىل پالاكەت باستى. مەن 2000 يىلدىن بېرى يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ پالاكەت باسقانلىق مەسئۇلىيىتىنى بىراقلا كوڭزى تەرىقەتچىلىرىگە ئىتتىرىپ قويماقچى ئەمەس بولساممۇ، لېكىن بۇ ئۈچ مەزھەپنىڭ ئىدىيىسى جۇڭگولۇقلارنىڭ قان- قېنىغا سىڭىپ كەتكەن. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن ئۈچ مەزھەپ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان سەۋرچانلىق تېخىمۇ ئۇچىغا چىقىپ، بارا- بارا يىمىرىلمەس مىللىيلىككە ئايلانغان. شۇ ۋەجىدىن جۇڭگولۇقلار دۇنيادىكى ئەڭ سەۋرچان، ھاقارەتلىنىشكە ۋە تاجاۋۇز قىلىنىشقا ئەڭ مۇناسىپ كېلىدىغان مىللەت بولۇپ قالغان.

موزىچىلارغا تەۋە دەپ قارىلىدىغان بىر پەيلاسوپ: «ھاقارەتلىنىشكە پىسەنت قىلمايدىغانلار دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسىدۇر» دېگەن. ھەممىگە سەۋر- تاقەت قىلىپ تىنىچ- ئەمىنلىكنى تەشەببۇس قىلىش نەقەدەر ئۇلۇغ تىنىچلىقپەرۋەرلىك- ھە! ئېسىمدە قېلىشىچە، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كوڭزىچى جاڭ پېيرېننىڭ «خۇشپۇراق ھۇجرىدىكى پاراڭلار» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق بىر ئابزاس گەپ بار:

سەۋر- تاقەت- دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گۆھەردۇر. مەسىلەن، كىشىلەر بىلەن ھەق- ناھەق ئۈستىدە تالاشقاندا، سەۋر- تاقەت دېگەن بۇ گەپكە ئەھمىيەت بېرىلسە، قانچە ئېغىز گەپ ئاز دېيىلەر- ھە! نازىنىنلار بىلەن تۆشەكتە بىللە ياتقاندا، شەھۋەت دۇلدۇلىنىڭ چۇلۋۇرىنى چىڭ تارتىپ سەۋر- تاقەت قىلغاندا، قانچىلىك زېھىن خوراپ كەتمەس… ئومۇمەن پانىي ئالەمدە نۇرغۇن ئىشلار بولىدۇ، شۇ نۇرغۇن ئىشلارغا تۇشلۇق ھەرخىل ئوي- خىياللار بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق چاغدا سەۋر- تاقەت بىلەن ئىش كۆرمەك ۋاجىپتۇر. يەنە مىسال، ئات مېڭىشتىن توختىۋېلىپ راھەتلىنىشنى ئىستىسە، ئۇنىڭغا قامچا ئۇرماق لازىمدۇر. بۇنداقتا قانچىلىك ئىش قىسقىرار- ھە! ئەمما سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن، دەيدۇ. بۇ يەنە رايىشلىق دېگەن سۆز بىلەن مەنىداشتۇر. رايىشلىق بىلەن سەۋر- تاقەت بىللە كەلسە، سۇنى پىچاق بىلەن كەسكەندەك ھېچقانداق زەرەرسىز ئىش بولىدۇ. رايىشلارنى خالايىق گالۋاڭلىق دەپ قارىسا، مەن ئۇنى باھار شامىلىنىڭ ئىللىقلىقىغا ئوخشىتىمەن. خالايىق، ئۇنىڭغا غەزەپ- نەپرەت ئوقلىرىنى ئاتسا، مەن ئۇنى تىنىچ- ئەمىنلىك، رايىشلىق دەپ قارايمەن.

بۇمۇ سەۋر- تاقەت بىلەن رايىشلىقنى بىر- بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان مۇناسىۋەتتۇر. شۇڭا جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ جاھاندىكى ھەممە ئىشقا سەۋر- تاقەت قىلىدىغان، شۇنداقلا دۇنيادىكى تىنىچلىقنى ئەڭ سۆيىدىغان ئۇلۇغ مىللەت ئىكەنلىكى بىكار ئەمەس.

چېن زىجەننىڭ «سەۋر- تاقەت ھەققىدە» ناملىق ئەسىرىدىن

[تەقرىز]

جۇڭگولۇقلار دۇنيا بويىچە ئەڭ سەۋرچان، سەۋر- تاقەت قىلىشقا ئەڭ ماھىر. ئۇنىڭ مۇنداق ئىككى چوڭ سەۋەبى بار: بىرى، نەچچە مىڭ يىللىق پادىشاھلىق ھوقوق مۇستەبىتلىكىگە كىم ھۆتۆت- پۆتۆت قىلالايدۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭغا سەۋر قىلمىسا، كاللا كېتىدىغان گەپ. «ھورۇن تاپلارچە ياشاش گاڭگۇڭلارچە ئۆلۈشتىن ئەۋزەل.» بۇنىڭغا چىداش كېرەك. بىر ئۆلىما شۇنداق دېگەن: «ھۇزۇرلانغىلى بولمايدىغان بەخىت بار بولسىمۇ، چىدىغىلى بولمايدىغان ئازاب يوق.» يەنە بىرى، كوڭزى ئىدىيىسى ـ پادىشاھلىق ھوقوق مۇستەبىتلىكنىڭ روھىي كىشىنىدۇر. ئۇنىڭ يادروسى دەرىجە+ ئىتائەت قىلىش، يەنى ئاۋام- پۇقرا پادىشاھقا باش ئۇرىدۇ، بالا ئاتىغا باش ئۇرىدۇ، ئايال ئەرگە باش ئۇرىدۇ. شۇڭا جۇڭگو پەرزەنتىلىرىنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ بىرىنچى بولۇپ ئۆگىنىدىغىنى سەۋر- تاقەت قىلىش بىلەن ئىتائەت قىلىشتۇر. ئۇ پەرزەنت ئاتا بولغاندىلا ئاندىن ئۆز پەرزەنتىنى ئىتائەت قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل ئۆز ھەيۋىسىنى كۆرسىتىۋالىدۇ. بۇ خۇددى «نەچچە يىل ئېرىنىڭ دەشنىمىنى ئىشىتىپ، دەردىنى تارتىپ مىڭ بالالىقتا قېينىئاپا بولغۇچى ئايال» نىڭ كېلىنىگە تېخىمۇ قاتتىق زۇلۇم سالغانلىقىدەك، ئۆزىنىڭ ئايال ۋاقتىدا تارتقان دەرد- ئەلىمىنى كېلىنىدىن ئالماقچى بولغاندەك بىر ئىش. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى، ئۇزۇن مەزگىل سەۋر- تاقەت قىلىپ ياشاش پىسخىك نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنى جىمى پۇرسەتلەرنى ئۆزىدىنمۇ ئاجىز، بىقۇۋۇل ئادەملەردىن ئىزدەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. زالىم پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشايدىغان خەلق تېخىمۇ رەھىم- شەپقەتسىز بولىدۇ. زالىم ئاتا تەربىيىسىدە چوڭ بولغان بالا تېخىمۇ قاتتىق قول بولىدۇ.

بۇ ماقالە «جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد» ناملىق كىتابىتىن تەرجىمە قىلىنغان

مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2005- يىللىق 4- سانىدىن ئېلىندى

]]>
?feed=rss2&p=10368 0
ئەركەك يازغۇچى ئېرنېست ھېمىڭۋاي ?p=10211 ?p=10211#respond Thu, 06 Oct 2011 06:14:55 +0000 ?p=10211 ئەركەك يازغۇچى ئېرنېست ھېمىڭۋاي

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

ھەر يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىداخو شىتاتى ۋە باشقا بىر قىسىم جايلىرىدا كىشلەر بېلىق تۇتۇش پائالىيىتى ئارقىلىق 20-ئەسىردە ئامېرىكا ئەدەبىيات تارىخى ۋە دۇنيا ئەدەبىيات سەھنىسىدە زور شۆھرەتكە ئىگە ئېرىشكەن بىر ئۇلۇغ يازغۇچىنى خاتىرلەيدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسىنىپ، چىراي –شەكلىنى ئۇنىڭغا ئوخشاش ياساپ، بۇ يازغۇچىغا بولغان ھۆرمىتە ۋە قايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن يەرلەردە .ۇنىڭ بىرەر ئەسىرىنى ئوقۇپ باقمىغانلارمۇ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ شۆھرەتلىك مۇنبىرىدە مۇشۇنداق بىر يازغۇچىنىڭ ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. 1961-يىلى ئۇ ۋاپات بولغاندا ئاقساراي، كرېمىل سارىيى ، ۋاتىكان ۋە ئىسپانىيىنىڭ تورىئادۇرلۇق مۇسابىقىسى مەيدانى قاتارلىق جايلاردا بۇ يازغۇچىنىڭ ۋاپاتىغا ئالاھىدە تەزىيە بىلدۈرگەن. ھازىرغىچە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىدىن سكوت دونالدسون، كارلوس بېيكىر قاتارلىقلار مەخسۇس مۇشۇ يازغۇچى توغرىسىدا نەچچىلىگەن كىتابلارنى يازغان. ”شۇنىسى ئېنىقىكى ۋاپات بولىدىغان چاغدا ئۇ ئاللىبۇرۇن بىر يازغۇچى، بىر ئەدىب سۈپتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ بىر جامائەت ئەربابى سۈپتىدە كىشلەرگە تونۇلۇپ بولغانىدى“ دەپ يازىدۇ ئامېرىكىلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى سكوت دونالدسون. مانا مۇشۇنداق شۆھرەتلەرگە، يۇقىرى باھالارغا ئېرىشكۈچى دەل ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى، ”گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد “ ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى ئېرنېست ھېمىڭۋاي.

ئېرنېست ھېمىڭۋاي 1899-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چىكاگو شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر كاۋچوكزارلىقتا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى كلارون ھېمىڭۋاي دوختۇر بولۇپ، ئوۋچىلىق ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئامراق ئىدى؛ ئاپىسى سەنئەتكە ھەۋەس قىلاتتى. ناخشا ئېيتىيالايتتى. ئائىلىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ھېمىڭۋايدا كىچىكىدىنلا ئوۋ ئوۋلاش، بېلىق تۇتۇش، بوكسىيورلۇق، مۇزىكا ۋە رەسىمگە كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولدى. 1917-يىلى ھېمىڭۋاي كاۋچوكزارلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈردى؛ ھەربىي سەپكە ئۆتۈپ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، كۆزى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارزۇيىغا يېتەلمىدى ۋە نائىلاج كانزاس شەھرىدە چىقىدىغان « يۇلتۇز» گېزىتىسە پراكتىكانت مۇخبىر بولۇپ ئىشلىدى. گېزىتنىڭ ماقالە ئىشلىتىش ئۆلچىمى بويىچە، يېزىلغان خەۋەرلەر، ماقالىلەر قىسقا يېزىلىشى؛ بىرىنجى ئابزاستا چوقۇم ئەينى بىر مەزمۇن جانلىق، ئوبرازلىق تىللار بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك ئىدى. بۇ بىر مەزگىللىك ۋاقىت ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇخبىرلىق ھاياتى ھېمىڭۋاينىڭ ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە «تېلگىرامما شەكىللىك  ئەسەر يازغۇچى» دەپ نام ئېلىشىدا ئالاھىدە رول ئوينىدى. بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆزى خالدپ « قۇتقۇزۇش ئەتىرىتىنىڭ شوپۇرى» سالاھىيىتى بىلەن بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياۋروپاغا باردى. 1918-يىلى ئىتالىيە ئۇرۇش مەيدانىدا ئېغىر يارىلاندى. تاشقى كېسەللەر دوختۇرىنىڭ سىتاتسىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ بەدىنىدىن 237 تال ئوق پارچىسى چىققان. ئەنە شۇنداق ھايات-ماماتلىق پەيىتتىمۇ ھېمىڭۋاي خەتەرگە قارىماي، يارىسى ئۆزنىڭكىدىن ئېغىر بىر سەپدىشىنى يۈدۈپ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە ئېلىپ بارغان. يولدا پىلموتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان. ئۇرۇشتىكى مۇشۇ قەھرىمانلىقى ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ كرېست شەكىللىك كۈمۈش ئوردىنىغا ئېرىشكەن. ھېمىڭۋاينىڭ مۇشۇ ۋاقىتتىكى مۇناسىۋەتلىك سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ھېسىياتى“ ياقا يۇرتتا“، ”سىلەر بۇنداق قىلماڭلار“ ھېكايىلىرىدە روشەن ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھېمىڭۋاي پارژدا ئولتۇراقلىشىپ يېزىقچىلىق قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى؛ ئامېرىكا يازغۇچىسى شىردۇن ئازدېرسوننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكېلىق شائىر ئېزا پوند، شائىرە گېدرۇد ستېيىن بىلەن تونۇشتى. بۇ ئىككى شائىر ھېمىڭۋايغا نۇرغۇن يول كۆرسەتتى ۋە ئۇنى ئەدەبىي جەھەتتە يېتەكلىدى. ئۇنىڭ ”گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد» نىڭ ۋەكىلى بولۇپ قېلىشىدا گېدرۇد ستېيىننىڭ تەسىرى چڭقۇر. بىر قېتىملىق سۆھبەتتە گېدررۇد ستېيىن ھېمىڭۋايغا : «سىلەر ھەممىڭلار گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد“ دېگەن. ھېمىڭۋاي كېيىن ستېيىننىڭ بۇ سۆزىنى ”قۇياش يەنە چىقىدۇ“ (1926) دېگەن مەشھۇر رومانىدا ئېپىگراف ئورنىدا ئىشلەتكەن. 20-.ەسىرنىڭ 20-يىللىرى دەل يېڭى بىر ئەۋلاد ئامېرىكا يازغۇچىلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان دەۋر ئىدى. يېشى پەرقلەنسىمۇ، لېكىن بۇ يازغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ھېسىيات جەھەتتە .ورتاقلىق بار ئىدى، چوڭ يازغۇچىلار بىلەن چىقشالمايتتى. 1926-يىلغا كەلگۈچە ئۇلاردا .ورتاق بىر ئېقىم، ئورتاق بىر ئېتقاد ۋە ئەدەبىي پرىنىسىپ شەكىللەنمىدى. ئۇلار ئەسەرلىرىدە ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گاڭگخراشلىرى، چۈشكۈنلۈك، گمراھلىق تۇيغۇسى بىلەن تولغان روھىي دۇنياسىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرگەنىدى. بۇ يازغۇچىلارنىڭ باشلامچىسى ۋە ئەڭ داڭلىقى ئېرنېست ھېمىڭۋاي ئىدى. ئۇنىڭ “ قۇياش يەنە چىقىدۇ“ دېگەن رومانى شۇ دەۋردىكى “ گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد “ ئەدەبىي ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئىجادىيەت مايىللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر ئەسەر. بۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ھېمىڭۋاي “ ئۈچ ھېكايە ۋە ئون شېئىر“ دېگەن توپلىمىنى ئېلان قىلدۇرغان. توپلامدىكى شېئىرلاردا ئانچە تەم بولمىغىنى بىلەن، ھېكايىلەردە ئاپتورنىڭ ئۆزىگە خاس بەدىئىي تالانتى نامايەن بولۇپ تۇراتتى. 1926-يىلى “ قۇياش يەنە چىقىدۇ“ دېگەن رپمانىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ھېمىڭۋاينىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئورنىنى تىكلەپ بەردى. 1927-يىلى ئۇنىڭ ”بويتاق ئەرلەر“ دېگەن ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنىدى. 1929-يىلى ”ئەلۋىدا، قورال“ دېگەن رومانى نەشىر قىلىندى. ھېمىڭۋاينىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى شۆھرەتلىك ئورنى مۇشۇ روماننىڭ نەشىر قىلىنىشى بىلەن تىكلەنگەن. مۇشۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنىشتىن بىر يىل بۇرۇن، يەنى 1928-يىلى ھېمىڭۋاي پارژدىن كېيۋېستىقا كۆچۈپ كەتتى؛ شۇ يىلى ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئوغلىدىن تۇغۇلغان پاترىك تۇغۇلدى، 1932-يىلى يازغۇچىنىڭ ئىسپانىيىدىكى تورېئادۇرلۇق مەيدانى ۋە كالا سوقۇشتۇرۇش توغرىسىدىكى كىتابى ”ۈشتىن كېيىنكى ئۆلۈم“ نەشىر قىلىندى. 1933-يىلى ئۈچىنچى ھېكايىلەر توپلىمى ”قۇرۇق قول غالىبىيەتچى“ نەشىر قىلىندى. 1935-يىلى يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئافرىقىدىكى ئوۋچىلىق پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى كىتابى “ يېشىللىققا پۈركەنگەن ئافرىقا تاغلەرە“ دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ جەرياندىكى ھەققىي مۇۋەپپەقىيىتى ”فرانسىس ماكومبېرنىڭ بەختلىك ھاياتى“ ۋە ”كىلمانجارودىكى قار“ دېگەن ئىككى مەشھۇر ھېكايىسىدە ئەكس ئېتىدۇ.يازغۇچىنىڭ 1937-يىلى نەشىر قىلىنغان ”بايلار ۋە يوقسۇللار “ دېگەن رومانى ئۇنىڭ فلوردادىكى كېيىۋېستتا تۇرۇۋاتقان ۋاقتىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان دىققەت-ئېتبارى، شۇنچە تىرشىپمۇ جەمئىيەتتىن چىقىش يولى تاپالمىغان بەختسىزلەرنىڭ تەقدىرى يېزىلغان. 1936-يىلى ئىسپانىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىدى. بۇ جەرياندا ھېمىڭۋاي ئىسپانىيەگە ئىككى قېتىم باردى. ۋە مۇخبىر بولۇپ ھۆججەتلىك فىلىم ”ئىسپانىيە تۇپرىقى“ نىڭ سىنارىيەسىنى يېزىشقا قاتناشتى ھەم فىلىمدا رول ئوينىدى. يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ چوققىسى ھېسابلىنىدىغان ”ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟“ (1940) دېگەن نادىر رومانىدا دەل مۇشۇ قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش ئەكس ئەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھېمىڭۋاي باشتىن –ئاخىر ۋاقتىنى ئۇرۇش قاينىمىدا ئۆتكۈزدى. 1942-يىلى مەردانلىىك بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە ئۆزىنىڭ بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان قولۋىقىدا فلرىدا دېڭىز بوغۇزىدىكى ئەھۋاللارنى چارلاش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى ھەم بۇ پائالىيەتنى ئىككى يىلغىچە داۋاملاشتۇردى. 1944-يىلى ئۇ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن  ئەنگىلىيىگە باردى. لوندوندا ئېغىر يارىلاندى، دوختۇرلار  ئۇنىڭ بېشىنى 57يىپلىق تىكتى. بۇ قېتىملىق ھادىسىدە جېنىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالغان ھېمىڭۋاي پاژغا قيتىپ بارغاندىن كېيىن قولىغا قورال ئېلىپ، مۇنتىزىم تەشكىللەنمىگەن بىر كىچىك ئەترەتنى باشلاپ ئۇرۇشقا باشلاپ قاتناشتى. 1945-يىلى ياۋروپادىن قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كۇباغا ككچۈپ باردى. كۇبا ئىنقىلابى غەلىبە قازانغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاجايىپ سەرگۈشتلەرنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ئوبزورچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ئۇرۇش توغرىسىدا بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدى. ئەمەلىيەتتە ھېمىڭۋاينىڭمۇ دېڭىز-ئوكيان، ئاسمان ،قۇرۇقلۇق بىر گەۋدە قىلىنغان بىر تىرىلوگىيە يېزىش ئويى بار ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ 1950-يىلى نەشىردىن چىققان ”دەريادىن ئۆتۈپ ئورمانغا كىرىش“ دېگەن ئورمانى ئوقۇرمەنلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. نۇرغۇن يازغۇچىلار ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ”ھېنىڭۋات تالانتىنى يوقتىپتۇ، ئەمدى ئۇنىڭدىن ياخشى ئەسەر چىقمىغۇدەك“ دەپ قاراشتى. 1952-يىلى يازغۇچىنىڭ ”بوۋاي ۋە دېڭىز“ دېگەن مەشھۇر پوۋېستىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۇنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈردى. 1954-يىلى ھېمىڭۋاي ئافرىقىدا ئىككى قېتىم ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچىرىدى. بېشى قاتتىق سىلكەنگەچكە ، شۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكى ۋە زېھنىي كۈچى بارغانسېرى  ناچارلاشتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى دېئابىت، يۇقىرى قان بېسىمى، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ۋە ئېغىر روھىي ئازابنىڭ قىيىنىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، توغرىراقى ئەمدى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغانلىقىنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھېس قىلغان بۇ قەيسەر يازغۇچى ئىداخو شىتاتىدىكى ئۆيىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوې مىلتىقى بىلەن ئۆلۈۋالدى. ”دۇنيا ئوغلى“ دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن، فرانسىيە، ئىتالىيە، كۇبا، ئىپانىيە، ئەنگىلىيە، كانادا، جوڭگو قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگىچە قەدىمي يەتكەن بۇ مەشھۇر يازغۇچىنىڭ مول سەرگۈزەشتىلەرگە تولغان ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاياغلاشتى.

يازغۇچىنىڭ ھاياتى ۋە بەزى ئەسەرلىرىنىڭ روياپقا چىقىش ۋاقتى ھەققىدىكى يۇقىرىقى قىسقا بايانلىرىمىز ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشغا ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى يازغۇچىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ۋە ھاياتى ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولمىساق، ئۇنىڭ بەزى ھېكايىلىرىنى چۈشىنەلمەيمىز. ھۋمىڭۋاينىڭ: «بىر جۈپ قەلب دەرياسى» دېگەن ھېكايەم ئېلان قىلىنغىلى 25يىل بولسىمۇ، ئۇنى ئوقۇرمەنلەر تېخىمۇ چۈشەنمىدى» دېگەن سۆزى بۇ پىكىرىمىزنى دەلىللەيدۇ.يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى ئۆلۈم ۋە يوقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا چېتىلدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشنىشنى مۇشۇ نۇقتىدىن باشلاش كېرەك. ھېمىڭۋاي روشەن خاسلىققا ۋە ئۆزگىچە بەدىئىي خاسلىققا ۋە ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇبقا ئىگە يازغۇچى بولۇش سۈپتى بىلەن ئۆزىگە مەنسۇپ بىر دۇنيانى ياراتتى، ئەسەرلىرىدە زامانىۋى ئەپسانە ئىجاد قىلدى ھەم ئاشۇ دۇنيا ئارقىلىق ئۆز ئەسەرلىرىدە ھايات ھەققىدىكى مۇستەقىل كۆزقارىشىنى ئىپادە قىلدى. ئۇنى بىرەر ئەدەبىيات ئېقىمىغا ئالدىراپ كىرگۈزەلمەسلىكىمىز دەل مۇشۇ سەۋەبتىن. كىشلەر ئادەتتە ھېمىڭۋاي ھەققىدىكى مۇنداق بىر قىزىقارلىق بىر پاكىتقا، يەنى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتى(1920-يىلدىن-1960-يىلغىچە) بىلەن شۇ چاغلاردا ياۋروپادا مودا بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئىدىيە دولقۇنى مەۋجئۇدىيەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشى، تەرەققىياتى، زاۋالىققا يۈز تۇتۇش ئوتتۇرىسىدا ۋاقىت جەھەتتىن ئوخشاش بارلىقىغا سەل قارايدۇ. ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدە پېرسوناژلارنى ئالاھىدە قىيىن مۇھىتقا قويۇپ تەسۋرلەيدۇ،؛ ناچار مۇھىتتىكى ئادەملەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشقا ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ ئازاب-گاڭگىراشلىرى، ئىزتىراپلىرى، كېيىنكى مەزگىللەردە چۈشكۈنلۈككە يۈز تۇتقان روھىيىتىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ بىمەنىلىك، ئازاب ئىچىدىن يېڭىچە روھىي قىممەت تېپىش ھەققىدىكى تىرشچانلىقلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى بىلەن قىسمەن جەھەتلەردە ئوخشىشىدۇ. ”گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد“ ئېقىمىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى بولۇش سۈپتى بولۇش سۈپتى بىلەن، ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدە باشتىن-ئاخىر يوقلۇق، بىمەنىلىك تۇيغۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ”ئەلۋىدا، قورال“ ناملىق رومانىدا ھېمىڭۋاي ئۇرۇشنىڭ بىمەنىلىكىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلىگەن. ئەسەردىكى باش قەھرىمان، لېيتنانت ھېنرى قانلىق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئۇرۇشتىن سەسكىنىشكە باشلايدۇ.يازغۇچىنىڭ ئۇرۇشنىڭ رەھىمسىزلىكى، بىمەنىلىكىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلىگەن. ئەسەردىكى باش قەھرىمان، لېيتنانت ھېنرى قانلىق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئۇرۇشتىن سەسكىنىشكە باشلايدۇ. يازغۇچىنىڭ ئۇرۇشنىڭ رەھىمىزسىزلىكى، بىمەنىلىكى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ھېنرېنىڭ مەشۇقىغا ئېيتقان :“ ﹤مۇقەددەس، شەرەپلىك، قۇربان بېرىش﹥دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىساملا تېنىم شۈركۈنۈپ كېتىدۇ. لېكىن، مەن ھېچقانداق شەرەپلىك نەرسىنى ككرمىدىم. شەرەپلىك دەپ نام ئالغان ئىشلارنىڭ ھېچقانداق شەرەپلىك يېرى يوق؛ ئۇرۇشتا قۇربان بېرىش دېگەن گەپكە كەلسەك، ئۇ چىكاگونىڭ قۇشخانىلىرىدىكى مال-چارۋا سويۇش ئىشلىرىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ. ئوخشىمايدىغىنى ، ئۇرۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتى ئەكېلىپ كۆمۈۋېتىلىدۇ“ دېگەن گەپلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ ”قۇياش يەنە چىقىدۇ“ دېگەن تۇنجى رومانىدا بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ”گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد“ نىڭ روھىي-ھالىتى-پارددىكى ياشلارنىڭ چۈشكۈنلۈككە يۈز تۇتقان تۇرمۇشى ۋە ئىدىيىسى ئەكس ئەتكەن. ئەسەردىكى باش پېرسوناژ جېك بائېنس بىر توپ چۈشكۈن ياشلارنىڭ ۋەكىلى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى كۈن بويى ھاراق ئىچىدۇ، بېلىق تۇتىدۇ، تورېئادۇرلۇق مۇسابىقىسى كۆرىدۇ؛ مۇشۇ ئىشلار ئارقىلىق تۇرمۇشىغا مەنە بەرمەكچى بولۇشىدۇ. مەنىسىزلىك بىلەن تولغان دۇنياسىدا نېمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىلەپ يۈرۈشىدۇ. ھېمىڭۋاي ”پاكىز ھەم ئازادە جاي“ دېگەن نادىر ھېكايىسىدە ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدىكى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان مەنىسىزلىك، يوقلۇق تۇيغۇسىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەن؛ كىشلەرنىڭ مەنىسىزلىككە قانداق مۇئامىلە قىلدىغانلىقى ھەققىدىكى باش تېمىنى تۇتقا قىلغان. شۇنداق دېيىشقە بودۇكى، بۇ ھېكايە ھېمىڭۋاينىڭ يوقلۇق ئىدىيىسىنى ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن. يازغۇچىنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان مەشھۇر پوۋېستى ”بوۋاي ېە دېڭىز“ مۇ ئوخشاشلا ئۈمىدسىزلىك، ئازاب تۈسى بىلەن تويۇنغان. ئەسەردە كۇبالىق بېلىقچى بوۋاي سانتىياگونىڭ ئۇدا 84 كۈن دېڭىزدا يۈرۈپ بىرەر تال بېلىق تۇتالمىغانلىقى، ئاخىرىدا ئۈچ كۈندۈز، ئىككى كېچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر يوغان بېلىق تۇتسا، ئۇنى ئاكۇلالارنىڭ يەۋەتكەنلىكى يېزىلغان بولۇپ، ھايات-ماماتلىق كۈرەش داۋامىدىكى جەسۇر ئەزىمەتلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. ئەسەردە : ”ئادەم يوقىلىشى مۇمكىن، ئەمما يېڭىلمەيدۇ: دېگەن بىر جۈملە سۆز بار. بۇ دېگەنلىك : ”جەسۇر ئادەم تەقدىرگە، مەغلۇبىيەتكە، ئۆلۈمگە جەڭ ئېلان قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ ئۆلۈم ۋە مەغلۇبىيەت ئالدىدا ئۆز غۇرۇرىنى يوقتىپ قويمايدۇ“ دېگەندىن ئىبارەت. ”ئادەم ھاياتىدىكى كۈرەش جەريانىدا قايتا-قايتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرىشى، يوقىتىلىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇنىڭ روھى ھەرگىز يېڭىلمەيدۇ. ئادەم ئازاب ۋە ئۆلۈم ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىش كېرەك“ دېگەن بىر خىل ئىدىيە ئەسەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ ئەسەر ھېمىڭۋاي ئىجادىيىتىدىكى مەركىزى ئىدىيىنى نۇقتىلىق ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئاپتورنىڭ پۈتكۈل ھاياتى جەريانىدىكى تۇرمۇش چۈشەنچىسىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن، ئاپتورنىڭ ئۆزگىچە بايان سەنئىتىنى ئەڭ ياخشى نامايەن قىلغان. بۇ ئەسەر 1953-يىلى پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە ئىككىنچى يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش سۆزىدە تىلغا ئېلىنغان.

1940-يىلى ھېمىڭۋاي ئۆزىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك نادىر رومانى ”ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟“ نى نەشر قىلدۇردى. بۇ ھېمىڭۋاينىڭ تۇرمۇش ۋە سەن.ەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ نامايەندىسى. ئۇنىڭدا ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارا گارنىزون ئەترىتىگە قاتناشقان ئامېرىكىلىق ياش جورداننىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇۋىرىشىغا قارىماي دۈشمەنلەر تۇرغان بىر كۆۋرۈكنى پارتلاتقانلىقى ۋە ئاخرىدا ئېغىر يارىلىنىپ قۇربان بولغانلىقى يېزىلغان. پۈتكۈل ئۈچ كۈن ئىچىدە بولغان ئىشلار تەسۋىرلەنگەن. ھېمىڭۋاي بۇ ئەسەردە ”ئۆزلۈك بىلەن بولغان ئۆلۈم“نى تەسۋىرلىگەن . ئەسەردىكى جوردان ئۆلۈمنى تاللىۋالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆلۈم قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئەڭ قورقۇنۇچلۇقى، ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن تەشۋىشلىنىپ بارلىق جاسارىتىنى يوقتىپ قويۇش. ”ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟- ئەجەل سىگنالى ھەمىمىز ئۈچۈن چېلىندى.“ ئەسەردىكى بۇ ئىككى جۈملە دىئالوگ ھۋمىڭۋاينىڭ ئۆلۈم ئېڭىنىڭ ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى. ”ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ، ئەمما، ئەڭ مۇھىمى ئۆلۈمگە قانداق مۇئامىلە قىلىش. ئۆلۈم ساقلانغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئەمما ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا تىترەپ كەتمەسلىك، ھاياتلىقنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىگە يۈزلەنگەن ۋاقىتتا مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىپادە قىلىش كېرەك.“ بۇ خىل ‘ئالدىدىمۇ پېتىنى بۇزماسلىق “ ئېڭى ھېمىڭۋاينىڭ تەلىمى ئاستىدا ۋايىغا يەتكەن. ھېمىڭۋاينىڭ ”ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟“ دېگەن بۇ مەشھۇر روماندا ئەكس ئەتكەن ئۆلۈم ۋە ئازاب تۇيغۇسى ئەنگىلىيىلىك ئەدەبىي تەنقىدچى بېيىسنىڭ : ”ئەمەلىيەتتە ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدە ئۆلۈمدىن ئىبارەت بىرلا تېمىلا بار“ دېگەن گېپىنىڭ توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دەلىللەيدۇ. ئەسەرنى ئوقۇشقا يېڭى كىرىشكەن چېغىمىزدىلا بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئاشۇ قۇرلاردىن بىر خىل ئۆلۈم تۇيغۇسىنى ھېس قىلالايدۇ. رومان قانلىق ئۆلۈم رېئاللىقى بىلەن تولغان : كۆۋرۈكنى پارتلاتقان جەسۇر ئەزىمەت جورداننىڭ ئۆلۈمى، ئادەم ئۆلتۈرۈشنى خالىمايدىغان بوۋاي ئانسېرموننىڭ ئۆلۈمى؛ ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان، ئەمما يىرگىنىدىغان ”گاس“ نىڭ ئۆلۈمى، بابېللونىڭ مىلتىقى ئاستىدىكى بەش بىگۇناھ قېرىنداشنىڭ ئۆلۈمى… ئەسەردە يەنە ئىندىئانلارنىڭ ئۆلۈم ھەققىدىكى ئەپسانىۋىلىككە تويۇنغان ھېسىياتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، بۇ پۈتكۈل ئەسەردىكى ئۆلۈم ئېڭىنى تېخىمۇ ياخشى يورۇتۇپ بېرىشتە مەلۇم رول ئوينىغان. ئاپتور بۇ ئەسەردە يەنە ئۇرۇشنىڭ بىمەنىلىكىنى تەسۋىرلەپ، ئۆزىنىڭ فاشىزىم ئۇرۇشىغا بولغان يىرگىنىشىنى ئىپادىلىگەن. يازغۇچىنىڭ : ”باشقا ھەرقانداق بىر دەۋردە بىر ئۇلۇغ يازغۇچى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى، ياخشى ئەسەرنى يازالىشى مۇمكىن. ئەمما فاشىزىم ھۆكۈم سۈرىۋاتقان جەمئىيەتتە ۋە دەۋردە بىر ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس“ دېگەن سۆزى دەل مۇشۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە دېيىلگەن. يازغۇچىنىڭ ئۆزگىچە تاتلىق بىر خىل بەدىئىي تەم گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان ھېكايىلىرىدىمۇ بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئازاب، ئۆلۈم، يوقلۇق ئىدىيىسى خېلى ياخشى ئىپادىلەنگەن. يازغۇچىنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ”ئىندىئانلار بارگاھى“ دېگەن ھېكايىسىنىڭ ۋەقەلىكى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر كىچىك بالىنىڭ دوختۇر دادىسىنىڭ بىر ئىندىئان ئايالنى تۇغدۇرماقچى بولغان ۋاقتىدىكى مەنزىرىنى كۆرگەنلىكى ۋەقەلىك قىلىنغان. بالا تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئېرىنىڭ خوتۇنىنىڭ ئازابلىق ئىڭراشلىرىغا چىدىماي ئاخىر ئۇستىرا بىلەن كېكىردىكىنى كېسىۋالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. ئەسەردىكى بالا دەل ھېمىڭۋاينىڭ باللىق چاغلىرىنىڭ ئەينەن پروتوتىپى؛ ئۇ يەنە ”نىك ئادامىس ھەققىدە ھېكايىلەر“ دىكى نىكنىڭ ئۆزى شۇ. ھېكايىدىكى ھېلقى ئىندىئان خوتۇنىنىڭ ئازابىنى يەڭىگىلىتىش ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەي، ئاخىر ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈمگە تۇتقان بۇ خىل پوزىتسىيىسى بالىنىڭ سەبىي قەلبىدە چڭقۇر ئىز قالدۇرغان. سىز مۇشۇ ھېكايىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ھېسىياتىڭىز بىلەن ھېمىڭۋاينىڭ ”قىمارۋاز موناخ ۋە رادىيو“ دېگەن ھېكايىسىنى ئوقۇسىڭىز، ھېلقى قىمارۋازنىڭ قورسىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىككى پاي ئوق ئېتىپ، بالنېتسىدا چىشلىرىنى چىڭ چىشلەپ ئۈندىمەي ياتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلەيسىز. ھېمىڭۋاي ”فرانس ماكومبېرنىڭ بەختلىك ھاياتى “ دېگەن ھېكايىسىدە ۋېلسوننىڭ تىلى شېكىسپىر تىراگېدىيىلىرىدىكى ”راستىنى دېگەندە، مېنىڭ ئۆلۈمگە پەرۋايىم پېلەك، ئادەم ھامان ئۆلىدۇ. ھەمىمىزنىڭ ئەجەل قەرزىمىز بار“ دېگەن بىر جۈملىنى بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈم ئېڭىدىن ئاز-تولا بېشارەت بېرىپ ئۆتكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ”يېڭىلمەس ئادەم“ ، ”ئەللىك مىڭ يۈەن“ دېگەن ھېكايىلىرىدىمۇ ئۆلۈم ئالدىدا تىز پۈكمەيدىغان جەسۇر ئەزىمەتلەرنىڭ ئوبرازىغا مەدھىيە ئوقۇلغان. مۇشۇ خىل روھ بولغانلىقى ئۈچۈن ”يېڭلىمەس ئادەم“ دېگەن ھېكايىدىكى تورېئادۇر يارىلانغان ئەھۋالدىمۇ يېڭىلىپ قالمىدى. ”ئەللىك مىڭ يۈەن“ دىكى بوكىسچى چىدىغۇسىز ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئاخرىغىچە ئېلىشتى. ھېمىڭۋاينىڭ نەزىرىدە، ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا قېلىپ ھېچقانداق چىقىش يولى تاپالمىسا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشمۇ بىر خىل قەيسىرانە ئۇسۇل. ”كىلمانجارودىكى قار“ نى ھېمىڭۋاي ئكزىنىڭ سەنئەت ماھارىتى نۇقتىسىدىن ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ھېكايىسى دەپ قارايدۇ. بۇ ھېكايىدىن يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ ئىرېلاندىيىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى، ئاڭ ئېقىمى ئۇسلۇبنىڭ باشلامچىسى جامىس جويىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تەرەپلەر بايقىلىپ تۇرىدۇ. ھېكايىدە يازغۇچى لەنەت تەگكۈر قۇش، ئىت، ۋېلسىپىت مىنىۋالغان ساقچى، قار بىلەن پۈركەنگەن كىلمانجارو تېغىنىڭ ئاقباش چوققىلىرىنى پات-پات تىلغا ئېلىپ، سىمۋوللۇق يوسۇندا ئۆلۈمدىن بېشارەت بېرىپ ئۆتكەن. بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئاڭ ئېقىمى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەسەرلەردە جىق ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆلۈم ئېڭى ئەكس ئەتكەن ھېكايىلىرىدىن يەنە ”قاتىل“ ،“ئاق پىلدەك تاغلار“، ”دۇنيانىڭ پايتەختى“ ،“ياقا يۇرتتا“ قاتارلىقلار بار. “ قاتىل“ دا زوراۋانلار  ئادەم ئۆلتۈرۈشمەكچى بولۇشۇىدۇ؛ ”ئاق پىلدەك تاغلار“ دا ئۆلۈمدىن قورقۇش پىسخىكىسى ئىپادىلىنىدۇ. “ دۇنيانىڭ پايتەختى“ دە ھېلقى ئىسپانىيىلىك ئوغۇل بالىنىڭ ئۆلۈمگە تۇتقان مۇئامىلىسى يېزىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھېمىڭۋاينىڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ”ئېقىندىكى ئارال“ (1970)، ”خەتەرلىك ياز“ (1985)، ”بېھىشباغ“ قاتارلىق ئەسەرلىرىدىمۇ ئۆلۈم، يوقلۇق ئېڭى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن.

بۇ يەردە يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى، تىل ئۇسلۇبى، ئىجادىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە ئازراق بىر نەرسە قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈر. 1954-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلىشتىن سەل بۇرۇن ئايىروپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ مېڭىسىنىڭ قاتتىق سىلىكىنىشى ھېمىڭۋاينىڭ سالامەتلىكىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتكەن. يازغۇچى كۆڭۈلدىكىدەك ئەسەر يازالمىغان؛ شۆھرىتى ئاشقانسېرى  ئۇنى زىيارەت قىلىپ كېلىدىغان مۇخبىرلار ۋە ئەدەبىيات مۇخلىسلىرى ئاۋۇپ كېتىپ، ئىجادىيەت ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت ھەم زېھنىي كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغان. 1960-يىلى كۇبادىن ئانا يۇرتى ئىداخۇ شىتاتىغا كۆچۈپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. ئەمما، سالامەتلىكى قىلچە ياخشىلانمىغان؛ قان بېسىمى، دېئابىت، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىدىن باشقا قاتتىق ئېغىر روھىي ئازەب ئۇنى بەك قىينىغان؛ ئۆزىنىڭ ئەمدى ئەسەر يازالمايدىغانلىقىنى ئازاب ئىچىدە بايقاپ قاتتىق چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن. ئىجادىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشىنى ئۆلۈم بىلەن تەڭ كۆرىدىغان يازغۇچى جىسمانىي ۋە روھىي ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەي، ”ئىندىئان بارگاھى“ دېگەن ھېكايىسىدىكى ھېلقى ئەرگە ئوخشاشلا 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆيىدە ئوۋ مىلتىقى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. يازغۇچى ۋاپات بولۇپ خېلى ئۇزۇن مەگىللەرگىچە ”ھېمىڭۋاي نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان؟“ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە نۇرغۇن دەتالاشلار، نۇرغۇن قىياسلار بولدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدە باشتىن –ئاخىر ئالاھىدە قىيىن مۇھىت، مەغلۇبىيەت ۋە ئازاب ئالدىدىكى مەرد، جەسۇر ئەزىمەتلەرنىڭ، تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلىغىنلىقىغا، يازغۇچىنىڭ ئاجايىپ مول سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن تىنىچلىق ۋە مەغلۇبىيەت ئالدىدا بېشىنى تىك تۇتۇپ ئەركەكلەرچە ياشىغانلىقىغا دىققەت قىلغان كىشى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىغا ھەيران قالماي قالمايدۇ. ”ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا قېلىپ ھېچقانداق چىقىش يولى قالمىغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشمۇ بىر خىل قەيسىرانە ئۇسۇل“ دېگەن يازغۇچى ئۆزى دېگەندەك ئەھۋالدا قېلىپ ، ئۆى ئېيتىپ ئۆتكەن ئۇسۇلدا ھاياتىنى ئاخرلاشتۇرۇۋالدى. يازغۇچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئۇسۇلىغا ئىلمىي يوسۇندا قارىشىمىز، ”ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان يازغۇچى ياخشى يازغۇچى ئەمەس“ دەپلا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەنئەنىۋى تەپەككۇر بىلەن يوققا چىقارماسلىقىمىز لازىم. بىر ئۇلۇغ ئەدىب ، ھەققىي ئەدىب ئۆزىنىڭ دەرد-ئەلىمىدىن باشقا ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ غەم-قايغۇسىنى تەڭ تارتىدۇ. ”ئۇلۇغ ،ئەدىبلەر كېسەل سەۋەبىدنلا ئەمەس، دەرد-ئەلەم دەستىدىنمۇ تۈگىشىپ كېتىدۇ“ دەپ ئېيتىدۇ. جالالىدىن رۇمى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن ياپونىيە يازغۇچىسى كاۋاباتى تاسۇنارى (1968-يىلى ئېرىشكەن) دۆلىتىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى خارابە ھالىتىگە قاتتىق ئۆكۈنۈپ، مىللىتىنىڭ ئىستىقىبالىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ ئۆلۈۋالدى. رۇس يازغۇچىسى ئالېكساندىر بۇنىن (1933-يىلى ئېرىشكەن) ئۆز دۆلىتىدە پۇت دەسسىگۈچىدەك يەر تاپالماي، ئۆز ماكانىغا سىغماي ياقا ئەللەردە سەرگردان بولۇپ، روھىي ئازاب ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. ھېمىڭۋاينىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ئۇلارنىڭكىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ روھىي تۈۋرۈكىدىن –ئىجادىيەتتىن ئايرىلىپ قالدى. بىز بۇ ماقالىدە يازغۇچى ھېمىڭۋاينى :ئەركەك يازغۇچى“ دەپ ئاتىدۇق. ئەلۋەتتە، بۇنداق دېيىشىمىز ئاساسىسىز ئەمەس. يازغۇچى يىگىتلىك چاغلىرىدىلا ئۇرۇشقا قارشى پىدائىيلارنىڭ تەركىبىدە جەڭگە قاتناشتى، بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى چۈشكۈن ياشلارنىڭ يىغىسىنى تىڭ يىغلاپ، ئەسەرلىرىدە شۇنى ئەلس ئەتتۈردى؛ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى؛ خېيىم-خەتەردىن قورقماي، يازغۇچىلار قۇرۇلتىيىدا نۇتۇق سۆزلەپ. ئۆزىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتىنى ، فاشىستلارغا بولغان غەزىپىنى ئېنىق ئىپادىلىدى؛ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كاتېر سېتىۋېلىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۈچۈن ئاخبارات توپلىدى؛ ئىجتىمائىي مەسەلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى. ئىجادىيەتتىن باشقا تورېئادۇرلۇق، بېلىق تۇتۇش، ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ ئوخشاشلا ماھىرلىقنى يېتىلدۈردى. ئاۋۋال ئۆزى باشتىن كەچۈردى، ئاندىن يازدى. بىزنىڭ بىر قىسىم ياش يازغۇچىلىرىمىز توي قىلماي تۇرۇپ ئەر-ئايال تۇرمۇشىنى، جىنىسىي لەززەت، جىنسىي ئاڭنى ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە كۈچەپ كەتتى، يەنە بەزى يازغۇچىلار بولسا چەت ئەلگە چىقىپ باقماي تۇرۇپ ياكى چىققان بولسىمۇ ئۇ يەرلەرنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ، چەت ئەل ھەققىدە چىنلىقى ئاجىز ئەسەرلەرنى يازدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ ۋاپاتىغا قىرىق يىل بولغان يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆگىنىدىغان يەرلىرىمىز خېلى جىق. ئۇنىڭدىن بىر يازغۇچىغا خاس خىسلەتلەر ۋە ھەققىي ئەرلەرگە خاس بىر خىل مەردانىلىق تولۇق تېپىلدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھېمىڭۋاينىڭ تىل ئۇسلۇبىمۇ بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ،دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيىدۇ. ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدە ئاجايىپ يېنىك، ئاممىباب، چۈشنىشلىك، تاۋلانغان تىل ئىشلىتىلدۇ. ئەسەرلىرىدىكى دىئالوگلار ھازىرقى زامان جانلىق ئىنگىلىز تىلىدىكى ئوبرازلىق ، پىشقان جۈمىلىلەردىن تاللانغان. بۇ نۇقتىدىن ھېمىڭۋاي ئىشلەتكەن ئىنگىلىز تىلى زاماندىشى، ۋەتەندىشى فولكنېر، بېللوۋ، ستېينبېكلارنىڭكىدىن ۋە ئۆز تەسىرىگە ئۇچىرىغان جامىس جويىسنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ : ”ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرى كىشىگە دېڭىز يۈزىدىكى سۇنىڭ شىلدىرلىشىنى ئەسلىتىدۇ“ دېگەن باھاسىنىمۇ ئۇنىڭ تىل ئۇسلۇبىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىزدە يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ ”ئەزرائىلنى كۈتۈش“، ”خۇنخورلار“، كۆۋرۈك بېشىدىكى بوۋاي: ، ”مۇشتۇمزور“ قاتارلىق بىر قانچە ھېكايىسىلا تونۇشتۇرۇلدى. بۇ بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال. بىزدە چەت ئەل ئەدەبىياتىنى ياخشى ئۆگىنىش ياكى سېستىمىلىق تەتقىق قىلىش كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ شۆھرەتلىك مۇنبىرىدە ھېمىڭۋايدەك كاتتا يازغۇچىلار جىق. بىز ئۆزىمىزنىڭ تىل ئىشلىتىش، ئەسەرلەرنى چۈشىنىش سەۋىيىمىزنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن ئۇلارنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز. ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ خەلقىمىزگگ تونۇشتۇرۇشىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىلگىرلىشىگە مۇناسىپ قوشۇشىمىز كېرەك.

ئەسلى مەنبە: ‹‹دۇنيا ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلى 2001- يىللىق سانى

ئوكيان تورىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى

]]>
?feed=rss2&p=10211 0