«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نىڭ ئىزدەش نەتىجىسى – پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى http://www.pasahet.net Fri, 04 Nov 2016 04:54:31 +0000 ug-CN hourly 1 جۇڭگودىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ?p=11966 ?p=11966#respond Mon, 20 Jan 2014 09:24:25 +0000 ?p=11966 جۇڭگودىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

سىستېمىسىنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى

ياڭ روڭجۈن

 ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

(«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2014- يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان)

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە ئېلىمىزدە كەينى- كەينىدىن يۈز بېرىۋاتقان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرى ۋە ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ مەنبەسى تەھلىل قىلىنغان، جۇڭگودىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى يىلتىزىدىن تىزگىنلەش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەنبەنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىپ، مۇشۇ ئاساستا قاراتمىلىق ھالدا مۇكەممەل بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىقىشنىڭ ناھايىتى زۆرۈر ئىكەنلىكى نەزەرىيىۋى جەھەتتىن چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنغان.

نۆۋەتتە كەينى- كەينىدىن ئۈزۈلمەي يۈز بېرىۋاتقان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرى جۇڭگونى ئەگىپ كېتەلمەيۋاتقان بىر ئەرۋاھقا ئايلىنىپ، ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ ئاجىز قەلبىنى قۇرتقا ئوخشاش يېمەكتە، كىشىلەرنىڭ ھەربىر تال سەزگۈر نېرۋىلىرىغىچە غىدىقلىماقتا، جەمئىيەتتە مۇئەييەن دەرىجىدە داۋالغۇش پەيدا قىلىپلا قالماستىن يەنە ئىجتىمائىي پىسخىكىنى ناھايىتى ئاجىز بولغان خەتەرلىك گىرۋەككە ئەكەپ قويماقتا، شۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن ناھايىتى ناچار تەسىر پەيدا قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تىزگىنلەش تارماقلىرىدىن قاتتىق نارازى بولۇشىنى، غەزەب- نەپرىتىنى، ھەتتا ئەيبلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، شۇنداقلا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىدىن گۇمانلاندۇرۇپ، ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى سۇندۇرماقتا. بۇ خىل ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈپ سەۋەب ـــ ھۆكۈمەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تىزگىنلەشتە ۋاقىتلىقلا چارە قوللىنىپ يىلتىزىدىن تىزگىنلىمىگەنلىكى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەقىقىي مەنبەنى قېزىپ چىقالماي، شۇ مەنبەنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلمىگەنلىكىدىن بولماقتا. شۇ ۋەجىدىن، نۆۋەتتە جۇڭگودا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى يىلتىزىدىن تىزگىنلەش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەنبەنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، مۇشۇ ئاساستا قاراتمىلىق ھالدا مۇكەممەل بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا، كەينى- كەينىدىن يۈز بېرىۋاتقان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ئۇزۇنغىچە تىزگىنلىگىلى بولماسىلىقىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ تىزگىنلەش قاتلىمى جەھەتتىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان تۈپ سەۋەبلەرگە قانداق يۈزلىنىپ، تۈپ يىلتىزىدىن تىزگىنلەش سىستېمىسىنى قانداق تۈزۈپ چىقىش كېرەك؟

بىرىنچى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە بولغان دۆلەت سىياسىتى بىلەن ئەخلاق مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى: تېز سۈرئەتتە شەھەرلىشىش، سانائەتلىشىش ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى يېزا تەرەققىياتىنى كۆزىتىشنىڭ ئاساسى نۇقتىسى قىلىش

ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات قاتلىمىدىن قارىغاندا، يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ يىلتىزى ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسىنىڭ ئۆسمىگەنلىكىدە. ھەممىگە مەلۇم، ھەرقانداق يېمەكلىكنىڭ خام ئەشياسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن كېلىدۇ. ھالبۇكى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ھالىتىدىن كۆزەتكەندە شۇنى بايقاشقا بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى دەل دۆلەتنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش، سانائەتلەشتۈرۈشنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي سىياسىتى ئارقا كۆرۈنۈشىدە بارلىققا كەلگەن ۋە ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ئۇ ـــ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنىڭ ئەكىس تەسىرى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاجىزلىقى ھەمدە دېھقانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئاجىز ئۇرۇندا تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. لېكىن، بۇ تۈپ ئەمەلىيەتكە نۇرغۇن تەھلىلچىلەر سەل قاراپ كەلگەن. شۇ ۋەجىدىن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى تەھلىل قىلغاندا چوقۇم دېھقانلارنىڭ سىرىتقا ئېقىشى، يېزىلارنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ خارابلىشىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق تەھلىل قىلغاندىلا ئاندىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق يىلتىزىنى مەنبەسىدىن ئچېىپ بەرگىلى بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن يېزىلاردا بۇنداق تەرەققىيات ھالىتى پەيدا بولىدۇ؟ ئىقتىسادشۇناسلىق ساۋاتلىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، يەر ۋە مەبلەغ ـــ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ مۇھىم ئامىلى. يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى يوغالغانلىقتىن، دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق قىلىش ئاكتىپچانلىقى ئاجىزلاپ كەتكەن، نۇرغۇن دېھقانلار يەرنى تاشلىۋېتىشكە، سىرتلارغا چىقىپ مەدىكار ئىشلەشكە رازى بولغانكى، ئۆيىدە ئولتۇرۇپ يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالىمىغان. بۇ ھال يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن يېزىلارنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى مۇقەررەر ئاجىزلىتىۋەتكەن؛ يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرى كاپالەتكە ئېرىشەلمىگەچكە يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشىدىكى يەر ۋە مەبلەغ ئامىلى مۇقەررەر بوش ھالەتتە بولۇپ قالىدۇ، شۇ ۋەجىدىن نۇرغۇن يېزىلاردا يەرلەرنى تېرىماي تاشلىۋېتىپ چۆللەشتۈرۈۋېتىش ھادىسىسى كېلىپ چىقتى. بۇ ـــ مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى. يەنە بىر تەرىپى «سىرتقا مەدىكار ئىشلىگىلى بارغان دېھقانلارنىڭ ئېرىشكەن مەبلىغى يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلەمدۇ- يوق؟» دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت. ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ سىرتلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىپ يىغقان مەبلىغىنى يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتمەيدىغانلىقى مەلۇم بولدى. كۆپ ساندىكى ئىشلەمچى دېھقانلار سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان كىرىمىنى ئاساسلىقى يېڭى ئۆي سېلىش ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇشتەك ئىشلارغا ئىشلەتكەن، لېكىن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىرى يوقنىڭ ئورنىدا بولغان. شۇ ۋەجىدىن، بۇنداق ئەھۋال مۇقەررەر يېزىلارنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ خارابلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم ئەمگەك كۈچلىرى يېزا- كەنتلەردىن ئايرىلىپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى، قاتناش- تىرانسىپورت ئوبوروت كەسپى، تاۋارلارنى پارچە سېتىش كەسپى ھەمدە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت كەسپلىرىگە يۈزلىنىپ، تېرىلغۇ يەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يوقىتىپ، شەھەرلەردىكى ئەرزان ياللانما ئىشچىلارغا ئايلاندى. كاپىتال، تېخنىكا، ئۈسكۈنىلەرنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلىدىن كاپىتالسىز تىجارەت ياكى ئۇششاق كاپىتاللىق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ، تىجارەت خېيىم- خەتىرى ناھايىتى يۇقىرىلاپ كەتتى. نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئۇششاق كارخانىلىرىمۇ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر بەس- بەستە قۇرۇلغان شەھەرلەرنىڭ قىسىلچاقلىرىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش جەريانىدا ھەر قاچان ۋەيران بولۇش ئېھتىماللىقىغا دۇچ كېلىدۇ، پايدا- مەنپەئەتى ئۇزۇن مەزگىلگىچە كاپالەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ مۇقەررەركى، ئېغىر بولغان ئىجتىمائىي ئالاقزادىلىك پىسىخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نەتىجىدە قىسقا مەزگىللىك ھەرىكەتلەر ئېغىرلىشىپ، كۆز ئالدىدىكى پايدا- مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە ناچار سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى چۈشۈرۈپ، زور پايدىغا ئېرىشىشنى ئۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر تاللىشىغا ئايلاندۇرۇۋالدى. ئەنە شۇنداق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ كۆرۈلۈشى ئەجەبلىنەرلىك بولماي قالدى.

شەھەر تەرەققىياتىغا زىيادە كۆڭۈل بۆلۈپ يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا سەل قاراش تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ شەھەرلەرگە جۇغلىنىشىنى مۇقەررەر كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» تەرەققىياتى ئۈچۈن قوللىنىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى مۇقەررەر يوسۇندا نىسبەتەن ئازايدى. بۇ، شەھەر- يېزا تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭسىزلىشىپ كېتىشىنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقاردى، يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى. سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ باقساق شۇنى بايقايمىزكى، نوپۇسى شۇ قەدەر كۆپ بىر دۆلەتنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېزىلاردىن شىددەت بىلەن شەھەرلەرگە ئايلاندۇرۇش ــــ مۇقەررەركى ناھايىتى مۇرەككەپ، نازۇك بىر جەريان. بۇ يالغۇز جەمئىيەت تەشكىلى، قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاقىي قائىدە- نىزاملارنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشدىنلا دېرەك بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشكەن چاك- چېكىدىن ئاجراپ، گۇمران بولۇشىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپى ئۆزىنى تازا كۆرسىتەلمىگەن جايلاردا بۇنداق ئىشلەپچىقىرىش توختىماي يامراپ، جەمئىيەتنى تەرتىپكە سېلىشقا كرىزىس ئېلىپ كېلىدۇ. تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان كرىزىس شۇكى، بۇنداق ماكرولۇق سىياسەت ۋە تەدبىرلەر ناھايىتى ئاسانلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى كەينى- كەينىدىن پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەر ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسىلا زامانىۋى تەرەققىياتقا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ ھەمدە ئۇنى بىر ئىزدا توختىتىپ قويىدۇ. جۇڭگو جەمئىيىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ جەريان خۇددى تۇنجى تۇغۇتقا دۇچ كەلگەن ئايالنىڭ تۇغۇت جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈپ باقىمىغىنىغىلا ئوخشايدۇ.

تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنىڭ تەڭپۇڭلۇقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يېزىلارنىڭ خارابلىشىشى ۋە يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ چېكىنىشى كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىگە بولغان ئېھتىياجى ۋە تەلىپىگە بولغان گەۋدىلىك تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تېز سۈرئەتتە شەھەرلەشتۈرۈش، سانائەتلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىدۇر. 20- ئەسرىنىڭ 90- يىللىرىدىن كېيىن، جۇڭگودا پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك زور كۆلەمدە شەھەر قۇرۇلۇشى باشلاندى. شەھەرلىشىش دولقۇنى ئىجتىمائىي ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ھەر قايسى تەرەپلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. نۇرغۇن كونا تەرتىپلەر كەينى- كەينىدىن بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئەسلىدە ناھايىتى تونۇشلۇق بولغان مۇھىتمۇ پەيدىنپەي ياتلىشىشقا قاراپ ئۆزگەردى، كىشىلەرنىڭ تەشۋىشلىنىش تۇيغۇسىمۇ كۈنسىرى كۈچىيىپ كەتتى. يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرىتقا ئېقىپ كېتىشى، بولۇپمۇ يۇقىرى ساپالىق ياش، قاۋۇل دېھقانلارنىڭ زور مىقداردا سىرىتلارغا ئېقىشى يېزا جەمئىيىتىدىكى «پۈچەكلىشىش» نى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇ سەۋەبلىك، يېزىلاردا بالىلار ئۇزۇن مەزگىل ئاتا- ئانا مېھرىگە قانمايدىغان، ياشانغانلار داۋالىنىش كاپالىتىگە ئېرىشەلمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىپ، بەلگە سېلىنغان ئۆيلەر ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى چېكىنگەن يېزا- قىشلاقلار ئېشىپ قالدى؛ ئۆيلەرنىڭ ئالدى- كەينىدىكى يەرلەرگە تېرىلىدىغان كۆكتاتلار قالمىدى، سەھەردە ئېتىز بېشىغا چىقىپ چۆلنى بوستان قىلىپ، كەچتە كەتمەن، گۈرجەكلىرىنى دولىسىغا سېلىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىدىغان، چوڭلار ھايت دېسە كىچىكلەر ھۇيت دەپ قاينام- تاشقىنلىق بىلەن ئېتىزدا ئىشلەيدىغان كۆرۈنۈشلەر قالمىدى؛ بۇرۇنقى يېزا- سەھرالاردا توخۇلار قاقىلداپ، ئىتلار ھاۋشىيدىغان، قوي- كالىلار ھەممە ياقتا ئوتلاپ يۈرىدىغان، ئېغىل- قوتانلارغا پاتماي ئاۋۇيدىغان قوۋناق تۇرمۇش مەنزىرىلىرى كىشىلەر ئۈچۈن بىر گۈزەل ئەسلىمىگىلا ئايلىنىپ قالدى. بەزى ئالىملار بۇ خىل مەنزىرىنى «چوڭ دۆلەتتىكى ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كەنت» دەپ ئاتىدى. بۇ خىل مەنزىرىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان سەلبىي تەسىرى ئاللىقاچان كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئەڭ خەتەرلىك سەلبىي تەسىرى ـــ دېھقانلار مال- چارۋا باقمايدىغان، ئاشلىق تېرىمايدىغان بولۇپ قالدى؛ چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ئورمانچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىساد شەكلىنىڭ تەرەققىياتىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. ئەنە شۇنداق قىلىپ، يېمەكلىك خام ئەشياسىنىڭ تەمىنلەشتە مۇقەررەر قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەش ئەۋج ئالدى، تارقاق، سۈپىتى ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش جۇڭگونىڭ كەڭ يېزىلىرىدا پەيدىنپەي يوقىدى. بۇ، يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپەتكە بولغان ئېھتىياجى بىلەن تەمىنلەش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى، يېمەكلىكنىڭ بارا- بارا سانائەتلەشكەن ئىشلەپچىقىرىشقا تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى مۇقەررەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نوپۇس شەھەرلەرگە كۆپ مىقداردا توپلانغاچقا، شەھەرلەرنىڭ يېمەكلىككە بولغان ئېھتىياجى شىددەت بىلەن ئاشتى. بۇ كىشىلەرنىڭ يېمەكلىككە بولغان ئېھتىياجىنىڭ تەمىنلەشتىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ بەزى قانۇنسىز يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە تەمىنلەش سودىگەرلىرىنى كەڭ بازار ۋە پايدىغا ئېرىشىش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى. غايەت زور پايدىنى كۆزلەش كۆپ قىسىم كىشىلەرنى تېخىمۇ ئاچكۆز قىلىۋەتتى، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقا كەلگەننى كۆرەرمەن دېگەندەك ئەھۋالالر باش كۆتۈرۈپ چىقتى. بۇ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە غايەت زور تەھدىت پەيدا قىلدى.

مۇھىت بۇلغىنىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شەھەرلىشىش، سانائەتلىشىشنىڭ تېزلىشىشى ئېلىپ كەلگەن مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى يېمەكلىك خام ئەشياسىنىڭ بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، ئاشلىق مەنبەسى خاراكتېرلىك بۇلغىنىشمۇ يېمەلىك بىخەتەرلىكىنىڭ بىر چوڭ ساقايماس جاراھىتىگە ئايلاندى. يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ناچارلاشقانلىقتىن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ مەنبەسى»، «خېمىيەۋى ئوغۇت مەنبەسى» نىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىغاندىن باشقا، يەنە «سانائەت مەنبەسى» نىڭ بۇلغىشىغىمۇ ئۇچراپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۇ مۇھىتى، تۇپراق مۇھىتى، ئاتموسفىرا مۇھىتى ئوخشىمىغان دەرىجىدە سانائەتتىن چىققان «ئۈچ كېرەكسىز» نىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىدى، ئېغىر مېتاللار ۋە زىيانلىق ماددىلار ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇچۇرلار سىممىتىرىك بولماسلىق ۋە تەكشۈرۈش ۋاستىسى كەمچىل بولۇش شارائىتىدا دېھقانلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىگە ئاسان ھۆكۈم قىلالمايدۇ. دېھقانلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇلاردا ئىجتىمائىي خېيىم- خەتەر كاپالەت ئېڭى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ ئەخلاق ۋە ۋىجداننى قايرىپ قويۇپ، مەسىلىسى بار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازاردا سېتىپ چىقىرىپ، ئىقتىسادىي زىياننى ئسىتېمالچىلارغا ئىتتىرىپ قويىدۇ. شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، دۇنيانىڭ ئومۇمىي تارىخىي مۇساپىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەھەر ــــ زامانىۋى پەن- تېخنىكا ۋە زامانىۋى سانائەتنىڭ جەۋھىرى، زامانىۋىلاشقانلىقنىڭ بەلگىسى، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولى، بىراق كىشىلەر توختىماي ئىنتىلىدىغان پۇل- مال، ئورۇن- مەرتىۋە ۋە شان- شەرەپتىن ئىبارەت رەڭگارەڭ سەھنە ۋە رىقابەت مەيدانىدا ئۇ كىشىلەرنى ئەقىل- پاراسەت ۋە تالانتىنى بىراقلا ئىشقا سېلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. بىر جەھەتتىن، بايلىق بىلەن مەدەنىيەتنى تېز سۈرئەتتە، تولىمۇ مەغرۇرانە ھالدا ئاز سانلىقلار، ئاز ساندىكى تارماقلار ياكى رايونلارغا قاراپ جۇغلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ يەنە بىر جەھەتتىن، كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدىكى تۈرلۈك ئارزۇ- ئىستەكلەرنى ئويغىتىپ، «پۇل ھەممىدىن ئۈستۈن» دەيدىغان مىزاننىڭ تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئەخلاق- پەزىلەت، غۇرۇ- ۋىجداننىڭ ھەممىلا يەردە ئېتىبارى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تۈرلۈك ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرى شەھەرلەردە يامراپ كېتىدۇ. سەمىمىيلىك كەمچىل، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىز، غۇرۇ- ۋىجدان رولىنى يوقاتقان ئىجتىمائىي ئەخلاق مەدەنىيەت شارائىتىدا كىشىلەر ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل تەربىيەسىز قالسا نورمال ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش، پايدىنىلا كۆزلەش، كۆز بويامچىلىق، ئالدامچىلىق قىلىش، خىيانەتچىلىك قىلىپ قانۇننى كۆزگە ئىلماسلىقتەك رەزىللىك ۋە ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن ئازا ساندىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە سودىگەرلەرنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. تېز سۈرئەتتە شەھەرلەشكەن، سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت پۈتكۈل جەمئىيەتتە كوللېكتىپ ئەخلاقنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ پايدىسىز تەسىرى يوشۇرۇن ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك بولىدۇ. چۈنكى ھازىرقى باسقۇچتا دۆلەت سىياسىتىمۇ تەدرىجىي يوسۇندا ھەق- ئادالەتكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەت جەريانىدا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئەمەلىيەتتە ئۈنۈمدارلىق يادرو قىلىنغان قىممەت يۈزلىنىشى ۋە ئىدىيە ئارقىلىق بېكىتىلگەن تۈرلۈك تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەلىرىگە ھېلىھەم ئەمەل قىلماقتا. بۇنداق سىياسەت خەلقنى تېز سۈرئەتتە پايدىغا ئېرشىتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش، مەنپەئەتنى دەپ ۋىجدانىدىن كېچىش، باشقىلارغا زىيان سېلىش بەدىلىگە ئۆزى پايدا ئېلىش، ئومۇمنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ئۆزىنى سەمرىتىشتەك ئىجتىمائىي كەيپىياتلارنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى مۇقەررەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىككىنچى، يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مەنبەسىدىن تۈزەش: ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تۈزەش سىسېتمىسى ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرۈش

يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەنبە ـــ ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىشتا ئۆز رولىنى يوقىتىپ قويۇش ۋە تەرتىپكە سېلىشتا مەغلۇپ بولۇشىدۇر. لېكىن بۇ ئاساسلىق مەنبە ھۆكۈمەتنىڭ كۆپلىگەن تارماقلىرى ئارىسىدا ئورتاق ھەمكارلىشىشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارالمىغانلىقىدا. گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكىنى تەرتىپكە سېلىشى كەڭ تۈردە ئەيىيبلەشكە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوبىيېكتىپ قىلىپ ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن ئەمەلدارلار ئارىسىدىمۇ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىشتا ھازىرقى باسقۇچتا ھېچقانداق ئامال قىلالماسلىقتەك مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدەك ئەھۋالمۇ مەۋجۇت. بۇ مەسىلىنى راۋانلاشتۇرۇشتا مۇھاكىمە تېمىسىنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى، ئاشۇ ھۆكۈمەت تارماقلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىش جەريانىغا بىۋاستا قاتنىشىشى كېرەك.

نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، يېمەكلىك ئىشلەپچىقرىش ۋە تەمىنلەش ھالقىسىدىن قارىغاندا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يېزا ئىگىلىكى بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى نازارەت قىلىشقا بىۋاستە قاتنىشىشى كېرەك. ئېلىمىزدە يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىكىگە دائىر ئىشلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ھالقىسىدىن قارىغاندا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تازىلىقى ھەمدە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى قاتارلىق ئۆلچەملەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ سانائەتنى باشقۇرۇش تارماقلىرى، سەھىيە ئورۇنلىرى، سۈپەت تەكشۈرۈش قاتارلىق ئورۇنلىرى باشقۇرۇشقا قاتنىشىشى كېرەك. ئېلىمىزدە بۇنداق تارماقلار سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى، سەھىيە مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى، مەملىكەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەتچىلىكى باشقۇرۇش ئىدارىلىرى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇناسىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يېمەكلىكلەرنى توشۇش، سېتىش ھەمدە ئىستېمال قىلىش قاتارلىق ئوبوروت ھالقىسىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يېمەكلىك بازىرىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشقاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ بازارلارنى نازارەت قىش- باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن سودا ئوبوروتىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى باشقۇرۇش ھالقىسىغا قاتنىشىش كېرەك، ئېلىمىزدە بۇنداق تارماقلار دۆلەتلىك سودا- سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، سودا مىنىستىرلىقى ھەمدە ئۇنىڭغا قاراشلىق مۇناسىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ مۇشۇ بارلىق باشقۇرۇش ھالقىلىرىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى پەن- تېخنىكا ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇ ۋەجىدىن پەن- تېخنىكا تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشقا قاتنىشىشى تولىمۇ ئورۇنلۇق بىر ئىش، ئېلىمىزدىكى پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئورۇنلار پەن- تېخنىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقۇرۇش تارماقلىرىدۇر. يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلارنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلساق، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىشقا ئالاقىدار كۆپ خىل ئورۇنلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى تولىمۇ زۆرۈر. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىشتا ئىنتايىن زۆرۈر بولغان تارماقلار يېزا ئىگىلىكى تارماقلىرى، سەھىيە تارماقلىرى، سۈپەت تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش تارماقلىرى، سودا- سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنى جەزمەن ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. باشقا تارماقلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىشتىكى ياردەمچى تارماقلار رولىنى ئۆتىسە بولىدۇ. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ـــ تەرتىپكە سېلىش تارماقلىرىنىڭ سانىنى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ نازارەت قىلىش، ھوقۇق چەكلىمىسى بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ نازارەت قىلىنىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، «بىر نازارەت قىلىش ھالقىسىغا بىر ئورۇن مەسئۇل بولۇش» تىن ئىبارەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

يۇقىرىقى تەھلىللەردىن ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان ساھەلىرىدە «يوچۇق بولماسلىق» ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندەك كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن، ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىشى يەنە نېمە ئۈچۈن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ؟ گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش فۇنكىسىيىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن 2004- يىلى 9- ئايدا تارقاتقان «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارا» دا ھەر قايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ لېكىن، يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى ئۈنۈم تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:

1. يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا، ھەر قايسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ فۇنكىسيەسى، ھوقۇق چەكلىمىسىنىسبەتەن ئېنىق. ئەگەر ھەممىسى ئۆز ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلسا ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئۈنۈمى ۋە ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك سەۋىيەگە يېتىدۇ. ھالبۇكى، رېئال ئەھۋالدىن قارىغاندا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشتا بىر مۇنچە مەسىلىلەر ساقلانماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغانلىرى، ھەر قايسى نازارەت قىلىش تارماقلىرى ھەدېسىلا ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان، مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ھە دېسىلا مەسئۇلىيەتتىن باش تارتقان ياكى مەسئۇلىيەتتىن قاچقان، شۇنىڭ بىلەن نازارەت تەكرارلىقى ۋە نازارەت بوشلۇقى كېلىپ چىققان. بۇ، ھەقىقي مەنىدىكى «ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش ۋە كونكرېت نازارەت قىلىش» تۈزۈلمىسىنىڭ تېخى ئورنىتىلمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىش تەقسىماتى بولۇپ ھەمكارلىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەم ھەر قايسى تارماقلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولمايدۇ، ھەم ھوقۇق ماجراسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەمەلىيەت جەريانىدا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ.

2. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بازاردا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئۇچۇرلارنىڭ تولۇق بولماسلىقى ھەمدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىكى چەكلىك ئىدراك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە سېتىلىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى سۇ كىرمىگۈدەك دەرىجىدە نازارەت قىلىشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش كارخانىلىرى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلمايدۇ، ھەتتا ئۇلارنى ساختا ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمەيدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ھۆكۈمەت ھەرىكەت شەكلىدىكى تەرتىپكە سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق ھەرىكەت شەكلىدىكى تەرتىپكە سېلىش ئۇسۇلىدا قېلىپلىشىشچانلىق بىلەن ئىزچىللىق كەم بولىدۇ، ھەر بىر قېتىملىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانى «مۈشۈكنىڭ چاشقان تۇتۇش» ئويۇنىغا ئوخشاپ قالىدۇ، يەنى قاتتىق زەربە بەرگەن چاغدا «ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ»، زەربە بېرىش بوشىتىلغاندا «كونا سەنىمىگە قايتا دەسسەيدۇ». بۇ ھال ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسلىسىنى «مەسىلە كۆرۈلۈش ـــ قاتتىق زەربە بېرىش ـــ كۆرۈلگەن مەسىلە ۋاقتىنچە يېنىكلىتىلىش ـــ مەسىلە قايتىدىن ئەۋجىگە چىقىش ـــ يەنە زەربە بېرىش» غەلىتە چەمبەر ئويۇنىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ئىمكان بەرمەيدۇ- دە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ماھىيەتتىن ھەل قىلىشقا ئامال بولمايدۇ. بۇنداق تەرتىپكە سېلىش ئۇسۇلى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى قورشاۋغا ئېلىپ تۇرۇپ نازارەت قىلىش تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماستىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇرنىڭ سىممتىرىك بولماسلىقى سەۋەبلىك نازارەت قىلىشتا كەتكۈزۈپ قويۇش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نازارەت سىستېمىشى نىسبەتەن كېچىكىپرەك قۇرۇلغاچقا ھەمدە تېخى پىشىپ- يېتىلمىگەچكە، ئوبيېكتىپ جەھەتتە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن- تۈزۈملەر، تەكشۈرۈش- ئۆلچەش سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، پەن- تېخنىكا سىستېمىسى تەرەققىي قىلماسلىق، بىخەتەرلىك ئۆلچىمى سىستېمىسى بىرلىككە كەلمەسلىكتەك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا، بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىشتا قىيىنچلىققا ئۇچراش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتكەن. ئىستېمال نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئادەتتە ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ يېمەكلىك ئىقتىسادى سىستېمىسىنىڭ مۇرەككەپلىشىشى ھەمدە ئۈنۈمدارلىق نىشانى ئاساسىدىكى تېخنىكىغا ئىنتىلىشى، يېمەكلىكنىڭ خام ئەشيا پېتىچە تەمىنلىنىشىنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ تاكى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغىچە يېتىشى، ئۇچۇرلارنىڭ سانى بىلەن مۇقىم بولماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۈچىيىپ كەتتى. يېمەكلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشىنىڭ بىۋاستە ئاقىۋىتى پۇرسەتپەرەسلىك قىلمىشىنىڭ يۈز بېرىشىنى، ئۆز مەنپەئەتىنىلا كۆزلەشنى، ساختا يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى، ناچارنى ياخشىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى، ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىقتەك قىلمىشلارنىڭ سادىر بولۇشىنى قەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇچۇرلارنىڭ سىممىتىرىك بولماسلىقىمۇ ئىستېمالچىلار ھەرىكىتىدە «تەتۈر يۆنىلىشنى تاللاش» كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بازار مىخانىزمىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىغا بىۋاستە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بازار ئۇچۇرلىرىنىڭ بۇرمىلىنىشى ۋە «ياخشىلىرى قېپقېلىپ ناچارلىرى شاللىنىش» مىخانىزمىنىڭ كاردىن چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى ھەقىقىي بىخەتەر يېمەكلىكلەر بازاردا تېگىشلىك باھاغا ئېرىشەلمەي، سۈپىتى ناچار يېمەكلىكلەر ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى سىقىپ چىقىرىلىپ، بازاردا توغرا تاللاشقا ئامالسىز قالىدۇ.

3. بازار جەھەتتىن قارىغاندا، پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ئۆتۈش جەريانىدا جۇڭگونىڭ ئامىل بازىرى بىلەن مۇلازىمەت بازىرىنىڭ تەرەققىياتى تېخى ئانچە پىشىپ- يېتىلمىدى، يېمەكلىك بازىرىدا يېتىلىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش، سودا تەرتىپى مۇكەممەل بولماسلىقتەك مەسىلىلەر ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقتىن، قېلىپقا چۈشمەيدىغان نۇرغۇن بازار قىلمىشلىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا: ① يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بازارلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى يەنىلا ناھايىتى تارقاق بولۇپ، بازار ھەرىكىتى قېلىپلاشمىغان، بازار ئۈنۈمى تۆۋەن. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بازارلىرى ناھايىتى تىپىك بولغان ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش قۇرۇلمىسىغا تەۋە بولۇپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنىڭ تارقاق بولۇشى ناھايىتى گەۋدىلىك. ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىن قارىغاندا، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئاساسلىقى دېھقانلار كۆتۈرىگە ئېلىۋالغان تىجارەتكە تەېە بولغاچقا، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى تار، تىجارىتى تارقاق، تېخنىكا سەۋىيەسى تۆۋەن، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى نىسبەتەن ئېغىر؛ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ھالقىسىدىن قارىغاندا، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئاساسلىقى ناھايىتى زو تۈركۈمدىكى كىچىك تىپتىكى يېمەكلىك كارخانىلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى كىچك، تىجارەت باشقۇرۇشى قالاق، ئەسلىھەلىرى ئاددىي، ئۆز- ئۆزىنى تىزگىنلىشى كەمچىل، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملارنىڭ ساپاسى تۆۋەن؛ يېمەكلىك سېتىش ھالقىسىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتىكى يېمەكلىك بازارلىرى ئاساسلىقى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى يېتەكچى قىلغان پارچە سېتىش بازارلىرى بولۇپ، يېمەكلىك تىجارىتىنىڭ سۇبيېكتى ئاساسلىقى يەككە تىجارەتچىلەرنى ئاساس قىلىدۇ. تارقاق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقاق سېتىشتىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش قۇرۇلمىسىدا يەككە ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن ساتقۇچىنىڭ مەھسۇلات تۈرى ئاساسەن ئوخشاش بولغاچقا پەرقسىز مەھسۇلات بازار رىقابىتى ھالىتىدە تۇرىدۇ. ② يېمەكلىك بازارلىرىدا ناتوغرا رىقابەت ھەمدە يەرلىكتە قامال قىلىش، تارماقلار مونوپول قىلىۋېلىش قىلمىشلىرى زور كۆلەمدە مەۋجۇت بولماقتا. بۇلار ئوخشىتىپ ياساش، ساختىسىنى ياساش، سودا قويمىچىلىقى، سودا پارىخورلۇقى، يەرلىكتە قامال قىلىش، تارماقلار مونوپول قىلىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئاساسلىقى بازارنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئارقىدا قېلىش، ماكرولۇق تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش ئۈنۈملۈك بولماسلىق ھەمدە كەسپ قۇرۇلمىسى ۋە ئوبوروت تۈزۈلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى بىلەن ئىسلاھات ماس كەلمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان. ③ ئۇچۇرلارنىڭ سىممىتىرىك بولماسلىقى يېمەكلىك بازارلىرى سودىسى ھەرىكىتى قېلىپلاشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئاساسلىقى ساختا مال ئىشلەپچىقىرىش، ساختا مال سېتىش، توختام ئالدامچىلىقى ھەمدە سودا ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش، ساختا ئېلان ئىشلەش، كارخانىنىڭ سەمىمىيەت دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئاساسلىقى قىسمەن يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن تىجارەتچىلەرنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى تۆۋەنلەپ، قانۇنىي ئېڭىنىڭ ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكى، بازار ھەرىكىتى مۇددىتى قىسقىراش، كەسپ مونوپوللۇقى ھەمدە پۇرسەتپەرەسلىك ۋە يەرلىك قورۇقچىلىقنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن بولغان.

4.قانۇننىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى جەھەتتىن قارىغاندا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇن سىستېمىسى بىلەن قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى تېخى مۇكەممەللەشمىدى. قانۇننىڭ تۈزۈلۈش قاتلىمىدىن قارىغاندا، يېمەكلىككە دائىر قانۇن- قائىدىلەرنىڭ سىستېمىلىقى، مۇكەممەللىكى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى بىر قەدەر ناچار، قانۇننىڭ ئۈنۈمى يېتەرلىك ئەمەس. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرى، قانۇن- قائىدىلىرى، نىزاملىرىنىڭ قسىمەن مەزمۇنلىرى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا ئۆز ئارا زىددىيەتلىشىدىغان ئەھۋاللارمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر يۈرۈش مۇھىم تۈزۈملەر كەمچىل بولغانلىقتىن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسەتكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات كەلتۈرۈپ چىقارغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت كۆپىنچە ئەھۋاللار بىر- بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولمىغاچقا، قانۇن نازارەتچىلىك جەھەتتە بىر مۇنچە خىرە نۇقتا پەيدا بولغان. مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار قانۇن- قائىدە، نىزاملىرىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بازارلىرىدىكى نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكىتلار بىلەن ئۇنىڭ مەنبەسىگە قارىتا ئېنىق چەك بېكىتىلمىگەن، يەنى ھەم يېمەكلىك بىخەتەرلىكى «مەنبەسى» ئېنىق بېكىتىلمىگەننىڭ ئۈستىگە ئاشۇ دائىرىگە تەۋە بولغان ماددا ۋە مۇھىتقا بولغان نازارەت سىستېمىلىق بېكىتىلمىگەن. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى نازارەت قىلىنىش ئوبيېكتى ئەگەر بەك بولۇپ كەتسە نازارەت قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛ ئەگەر بەك تار بولۇپ قالسا نازارەت قىلىشتىكى كۆرۈنمەس رايون پەيدا بولۇپ قالىدۇ- دە، ئورۇنسىز يوچۇقلار شەكىللىنىدۇ. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى نازارەت قىلىش ئوبيېكتى زىيادە تار بولغانلىقتىن، مەنبەسىنى نازارەت قىلىش بەكلا مۇجمەل بولۇپ قالغان. شۇڭا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى نازارەت ئوبيېكتىنى پۈتكۈل «يېمەكلىك زەنجىرى» گە كېڭەيتىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ «ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگە چىقىشقىچە بولغان» پۈتكۈل جەريانىنى تەرتىپكە سېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە «مەنبە» دىن كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، ئوغۇت، يەم- خەشەك، بېقىپ ئۆستۈرۈش مۇھىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ نازارەت ئوبيېكتى قىلىنىشى كېرەك. ئوخشاشلا قانۇننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكىدىكى «چوڭقۇرلۇق» جەھەتتىمۇ كەمچىلىكلەر مەۋجۇت. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئادەتتىكى يېمەكلىكتە زەھەر بولماسلىقى، زەھەرلىك قەۋىتى بولماسلىقتىلا چەكلىنىپ قېلىپ، «ماھىيەت جەھەتتىن بىخەتەر بولۇش» يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلمىدى. ئالايلۇق، دۇنيادا گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەرگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىكىگە باھا بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ، ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى «زەھەرسىز بولۇش، زىيانلىق بولماسلىق» ىنىلا تەكشۈرۈش بىلەن قانائەتلىنىپ قالمايۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى سىستېمىسىدا يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە نازارەتچىلىك قىلىدىغان ئورگان باشقا خىزمەتچى خادىملارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش مىخانىزمى كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىدىكى كەمچىلىك ئاساسلىقى كۆپ باشلىق قانۇن ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدۇر. قانۇن ئىجرا قىلىش سۇبيېكتى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە مەسئۇلىيەت گىرەلىشىپ كېتىش ۋە ھوقۇقتا بوشلۇق پەيدا بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، «ئۆز ئارا بىر- بىرىنى چەكلەش» تەسلىشىپ، «ئۆز ئارا ماسلىشىش» تېخىمۇ قىيىنغا چۈشىدۇ. ئاخىرىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى بېكىتىلگەن سۇبيېكىتنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن مەزمۇن، ئۈنۈم، قانۇننىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرى، قانۇننىڭ پۇت دەسسەپ تۇرۇشى، قانۇنىي ياردەم ھەمدە دۇنيا سودىسى رېلىسىغا چۈشۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت بولماقتا.

ئۈچىنچى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى: تەرەققىيات تەڭپۇڭلۇقىدىن تىزگىنلەپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ئەخلاق مۇداپىيەسىگىچە

جۇڭگونىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مەنبەسىگە قارىتا ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تۈزەش سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشتا دۆلەت قاتلىمى جەھەتتىن تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولمىغان ئەڭ ئۈستۈن قەۋەت سىياسىي لايىھەلىرىنى نېگىزىدىن تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ. بىر جەھەتتىن، شەھەرلەشتۈرۈش، سانائەتلەشتۈرۈش ئالاھىدىلىك قىلىنغان زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، شەھەرلىشىش، سانائەتلىشىش تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛ يەنە بىر جەھەتتىن، شەھەرلىشىش، سانائەتلىشىشنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى مۇۋاپىق تەڭشىلىشى، شۇ ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرىنى يېتەرلىك تەربىيەگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، دۆلەت قاتلىمىدىكى تەرەققىياتى تەكشىسىز ئۈستى قاتلام سىياسىي لايىھەلەرنى تەڭشەپ، جەمئىيەت، شەھەر- يېزا، رايون، كەسىپلەر تەكشى تەرەققىي قىلىدىغان سىياسىي تۈزۈلمە قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر خىل نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك بولغان ھادىسە بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگوغا ئوخشاش يەر مەيدانى كەڭ، نوپۇس جىق، كېيىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر قايسى جايلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، تەبىئىي تالانتى، ئىقتىسادىي ئاساسى، ئىجتىمائىي شەرت- شارائىتلىرىدا روشەن پەرقلەر بولغانلىقتىن، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، تەرەققىياتنىڭ تەكشىسىز بولۇشىدىنمۇ مۇستەسنا دېگىلى بولمايدۇ، بۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. لېكىن، مۇشۇ خىل تەكشى بولمىغان تەرەققىيات سىياسىتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان شەھەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى، رايونلار ئارىسىدىكى «ئېھتىياج قۇرۇلمىسى ئۈزۈلۈپ قېلىش»، قالاق رايونلاردىكى «بازار يوشۇرۇن كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلمىغان» سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۈنۈمدارلىقنىڭ سىرتقا ئېقىشى، كەسپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېرىم تەقسىماتى ئادىل بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي پىسىخىك تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىقلار ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، سىياسىي ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇخىل تەكشىسىز تەرەققىياتنىڭ ئۈستى قاتلام سىياسىي لايىھەسى دۆلەت قاتلىمى جەھەتتىن تەڭشەلمىسە، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىلىك سىجىل تەرەققىياتىنى مۇقەررەر چەكلەپ قويىدۇ. نۆۋەتتە دۆلەتنىڭ ماكورلۇق قارار- سىياسەتلىرى نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ «ئىقىمائىي تەسىرى ئىقتىسادىي تەسىردىن چوڭ بولۇپ كېتىش، سىياسىي تەسىرى ئىجتىمائىي تەسىرىدىن چوڭ بولۇپ كېتىش» تەك نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەرەققىياتنىڭ تەكشىسىزلىكى بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي تەسىرىگە نىسبەتەن شەھەر- بازارلار بىر- بىرىگە قارشى بولۇپ قېلىش، كەسپلەر قامال قىلىنىش ھەمدە «رايونلار ئارىسىدىكى سىياسىي توقۇنۇشلار بىلەن بۆلۈنۈش يۈزلىنىشلەرنىڭ سىياسىي ئۈنۈم، سىياسىينىڭ قانۇنىيلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىش» تەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، تەكشى تەرەققىياتنىڭ سىياسىي لايىھەسى ـــ ماكرولۇق قارار چىقارغۇچىلار ئويلاشمىسا بولمايدىغان ئامىلدۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۆلەت قاتلىمى جەھەتتىكى تەرەققىياتى تەكشى بولمىغان ئۈستى قاتلام سىياسىي لايىھەسىنى تەڭشەش، ئىجتىمائىي، شەھەر- بازار، رايون، كەسپلەرنىڭ باراۋەر تەرەققىي قىلىشىغا ئائىت سىياسەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى ھەرگىز كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

ئىككىنچىدىن، «بىر نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ھالقىسىغا بىرلا ئورۇن مەسئۇل بولۇش» تىن ئىبارەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئومۇمىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن، ھەمكارلىشىپ ماسلاشقان پۈتۈن مۇساپىلىك تۈزەش سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك.

 (1) تۈزەش- تەرتىپكە سېلىش تارماقلىرىنىڭ سانىنى ئىخچاملاپ، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ھوقۇقى چەكلىمىسى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، «بىر نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ھالقىسىغا بىرلا ئورۇن مەسئۇل بولۇش» تىن ئىبارەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىش سىسېتمىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى يېزا ئىگىلىكى تارماقلىرى، سەھىيە تارماقلىرى، ئىمپورت- ئېكىسپورت تەكشۈرۈپ كارانتىن قىلىش تارماقلىرىغىچە يەتكۈزۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، قالغان ئورۇنلارنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشتىكى ياردەمچى ئورۇن قىلىش، ئۇلارغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدۇرماسلىق كېرەك. (2) يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تۈزەش- تەرتىپكە سېلىش تارماقلىرى ئارىسىدىكى ماسلاشتۇرۇپ تەرتىپكە سېلىش، ھەمكارلىشىپ تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. (3) جەمئىيەتتىكى سەمىمىيلىكنىڭ كېمىيىپ كېتىشى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىدەك ناچار جەمئىيەت ئىستىلىنى چەكلەپ، ئەخلاق- پەزىلەتنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان، پايدىنى كۆرگەندە سەمىمىيەتنى قايرىپ قويمايدىغان، مەسئۇلىيەتكە سادىق بولىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاق قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەخلاقنى چۆرۈپ تاشلاش ـــ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ تۈپ يىلتىزىدۇر. شۈبھىسىزكى، ھەر بىر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەسىنى پەيدا قىلغۇچىدا مۇقەررەركى «مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىز بولۇش، سەمىمىيەتسىزلىك، ئەخلاقنى قايرىپ قويۇش» تەك ئىللەتلەر مەۋجۇت. بۇ ـــ يېمەكلىك كەسپىنىڭ ئىناۋەت مەسىلىسى ھەمدە ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ كرىزسقا دۇچ كېلىشىنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئۇنداقتا، بۇنداق ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرىنى قانداق تۈزەيمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن قول سېلىشقا توغرا كېلىدۇ: ① جەمئىيەتنىڭ ئادىل- ھەققانىي بولۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي ئەخلاق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتچان، سەمىمىي، ۋىجدانلىق بولۇشتەك ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش كېرەك.② پايدىنى كۆرگەندە سەمىمىيەتنى قايرىپ قويمايدىغان، مەسئۇلىيەتكە سادىق بولىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سەمىمىيەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئىجتىمائىي سەمىمىيلىكنى چۆرۈپ تاشلاش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىز بولۇشتەك ناچار جەمئىيەت ئىستىلنى چەكلەش كېرەك. مۇكەممەل سەمىمىيەت سىستېمىسى كەمچىل بولۇش ـــ نۆۋەتتىكى جەمئىيەتنىڭ قۇۋۇرغىسى بولمىغانلىقىغا باراۋەر. سەمىمىيەت ـــ بىر دۆلەت، بىر مىللەت ھەمدە شەخس ۋە كارخانا قاتارلىقلارنىڭ «جانتومۇرى». ③ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تۈزەش- تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنى قايتا ئورنىتىشتا يەنە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، كارخانا بىلەن خەلق ئاممىسىغا بولغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ سەمىمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئامما تەڭ قاتنىشىپ جەمئىيەت نازارەت قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، كىشىلەرنىڭ ئەخلەق سەۋىيەسى ۋە ئەخلاقىي تەربىيەلىنىشىنى تۈپتىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى، ئۆرپ- ئادەتنى ساپلاشتۇرۇش، پۇقرالارنى مۇۋاپىق پايدىغا يېتەكلەپ، باشقىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىش بەدىلىگە ئۆزى پايدا ئالىدىغان ئىشلارنى ، ئىجتىمائىي ئەخلاققا زىت كېلىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلمايدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

«شىنخۇا تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق 7- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

]]> ?feed=rss2&p=11966 0