سۆھبەت ۋە مۇھاكىمە – پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى http://www.pasahet.net Fri, 04 Nov 2016 04:54:31 +0000 ug-CN hourly 1 ئورخان پامۇك: ساددا ۋە ھەسرەتلىك يازغۇچى ?p=12108 ?p=12108#respond Tue, 31 Mar 2015 05:35:46 +0000 ?p=12108

رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئېڭىمىز نېمە ئىش قىلىدۇ

ئورخان پامۇك

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

(بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان)

پىروزىچىلىق مېنىڭ ئىككىنچى ھاياتىم. خۇددى فىرانسيەلىك شائىر گېرارد نېرۋال (Gerard de Nerval) ئېيتقان ھەر خىل چۈشلەرگە ئوخشاش، پىروزا تۇرمۇشىمىزنىڭ رەڭدارلىقى ۋە مۇرەككەپلىكىنى نامايان قىلىدۇ، رومان تونۇش كىشىلەر، چىرايلار ۋە نەرسىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا گىرىمسەن چۈش قوينىغا غەرق بولۇپ، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىمىز؛ بۇنىڭدىن كۈچلۈك زەربىگە ئۇچراپ، ئۆزىمىزنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنىمۇ ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويىمىز؛ ئۆزىمىزنى بىز ھەدەپ تاماشا كۆرۈۋاتقان، ساختا ئىش- ۋەقە ۋە شەخسلەر ئارىسىدا تۇرۇۋاتىمەن دەپ تەسەۋۋۇر قىلىمىز. دەل مۇشۇ پەيتتە بىز ئۆزىمىز يولۇققان ھەمدە قاتتىق مەپتۇن بولۇپ كەتكەن دۇنيانىڭ رېئال دۇنيادىنمۇ بەكرەك چىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. كىشىگە راستتەكلا تۇيۇلىدىغان بۇنداق تۇيغۇ ئادەتتە بىزنىڭ خىيالىي دۇنيا بىلەن رېئال تۇرمۇش ئارىسىدىكى پەرقنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق، بىز بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇدىن، گۆدەكلەرچە ئۇسۇلدىن ئەزەلدىن ئاغرىنمايمىز. ئەكسىچە ئوقۇۋاتقان رومانىمىزنىڭ چۈشلىرىمىزگە ئوخشاش توختىماي داۋاملىشىشىنى ئىستەيمىز، بۇ خىل ئىككىنچى ھاياتنىڭ توختىماي داۋاملىشىپ، رېئال تۇيغۇ ۋە چىن ھېسسىياتلىرىمىزنى غىدىقلىشىنى بەكلا ئۈمىد قىلىمىز. رومان ۋەقەلىكىنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، روماندا چىن، رېئال تۇرمۇشقا بولغان خىيالىي ئارزۇلارنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىدىن بىئارام بولىمىز، تىت- تىت بولىمىز.
چۈش كۆرۈۋاتقان ۋاقتىمىزدا چۈشىمىزنى راست دەپ ئويلاپ قالىمىز. مانا بۇ چۈشكە بېرىلگەن تەبىر. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىكلەرنى راست دەپ قالىمىز- يۇ، بۇ خىيالىمىزنىڭ بەكلا ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنىمۇ ئېنىق تۇيۇپ تۇرىمىز. بۇ خىل پارادوكس روماننىڭ خاسلىقىدىن كەلگەن. بۇ يەردە بىز شۇنى تەكىتلەپ قويىمىزكى، پىروزا سەنئىتى بىزنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل زىددىيەتلىك ھالەتكە ئىشىنىشىمىزنى شەرت قىلىدۇ.
قىرىق يىلدىن بېرى ئىزچىل رومان ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. ماڭا شۇنىسى ئايانكى، بىز رومانغا كۆپ خىل ھالەتتە يۈزلەنسەك بولىدۇ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ روھىمىز بىلەن ئېڭىمىزنى رومان ئىچىگە غەرق قىلساق بولىدۇ، ھەم ناھايىتى ئازادىلىك ئىلىكىدە رومانغا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتساقمۇ بولىدۇ. مەن دەل ئاشۇ شەكىلدە رومان ئوقۇشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇلىنى بىۋاستە ھېس قىلدىم. رومان ئوقۇشنى بەزىدە لوگىكىلىق شەكىلگە ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، بەزىدە كۆزىمىزنى خەتلەرنىڭ ئۈستىدە يۈگۈرتۈپلا قويىمىز، بەزىدە تەسەۋۋۇرىمىزنى ئىشقا سالىمىز، بەزىدە چالا- بۇلا چۈشىنىپلا بولدى قىلىمىز، بەزىدە ئۆزىمىز ئۈمىد قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئوقۇيمىز، بەزىدە رومان ئۈچۈن ئۆزىمىزگە تەلەپ قويىمىز، يەنە بەزىدە ۋۇجۇدىمىزدىكى تومۇرلىرىمىزنىڭ شىددەت بىلەن سوقۇشىغا مۇھتاج بولىمىز. ياش ۋاقتىمدا رومانغا بىر مەزگىل شۇ قەدەر مەپتۇن بولۇپ كەتكەن ئىدىمكى، بۇ مەپتۇنلۇقۇم سەۋدايىلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنىدى. 18 يېشىمدىن 30 يېشىمغىچە (1970- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە) كاللامدا كۆڭۈل ئالىمىمدە روي بېرىۋاتقان ئىش- ۋەقەلەرنى يېزىپ چىقىش؛ رەسسام رەسىم سىزغان چاغدىدىكىدەك ئىنتايىن توغرا ۋە ئېنىق ھالەتتە مول، مۇرەككەپ، كىشىگە راستتەكلا تۇيۇلىدىغان مەنزىرىلەرنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تاغلارنى، تۈزلەڭلىكلەرنى، تاشلارنى، ئورمانلىقلارنى ۋە دەريا- ئېقىنلارنى تەسۋىرلەش ئىستىكى تۇغۇلدى.
رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئېڭىمىز ۋە قەلبىمىزدە زادى نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟ بۇ يوشۇرۇن تۇيغۇلىرىمىزنىڭ كىنو كۆرۈش، ماي بۇياق رەسىمدىن ھۇزۇرلىنىش، شېئىر دېكلاماتسىيەسىنى ئاڭلاش ياكى تارىخىي ئېپوسلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن نېمە پەرقى بار؟ بىيوگىرافىيە، كىنو، شېئىر، رەسىم سىزىش ياكى چۆچەك ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى رومان بىزگە ھەمىشە ئاتا قىلىپلا تۇرىدۇ. لېكىن، پىروزىدىن ئىبارەت بۇ خىل سەنئەت شەكلىنىڭ چىن ھەم ئۆزگىچە ئۈنۈمى ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانېرلىرى بىلەن، كىنو ۋە رەسىم سىزىش بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا تۈپ پەرققە ئىگە بولىدۇ. بەلكىم بۇ خىل پەرقنى ئاشكارىلىيالىشىممۇ مۇمكىن. بۇنىڭدىن بىز ياش ۋاقتىمدا رومان ئوقۇشقا مەپتۇن بولغان كەچۈرمىشىمنى ۋە قەلبىمنىڭ ئىچكى قاتلىمىدا ئويغىنىۋاتقان خىلمۇ خىل مۇرەككەپ ئىماگلارنى ئۇقىمىز.
مۇزېينى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان ئادەم تۇنجى بولۇپ ئۆزى كۆرگەن رەسىملەرنىڭ كۆرۈش سېزىمىغا ھۇزۇر ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلسا، مەن مەنزىرە- كۆرۈنۈشلەردىكى ھەرىكەت، توقۇنۇش ۋە مول تەسەۋۋۇردىن بەكرەك زوق ئالىمەن. مەن يەنە بىراۋنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى مەخپىي كۆزىتىشكە ئامراق، شۇنداقلا يەنە بىپايان مەنزىرىلەردىكى قاراڭغۇ بۇلۇڭلار ئۈستىدە ئىزدىنىشنىمۇ خالايمەن. لېكىن، سىزگە «قەلبىدىكى كۆرۈنۈشلەر ھەمىشە داۋالغۇپلا تۇرىدىكەن» دېگەندەك تۇيغۇ بېرىپ قويغۇم يوق. ياش ۋاقتىمدا رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بەزىدە قەلبىمدە تولىمۇ كەڭرى، تولىمۇ يىراق، تولىمۇ تىنچ مەنزىرىلەر زاھىر بولاتتى؛ بەزىدە نۇر بەكلا ئاجىزلاپ، ئاق بىلەن قارا بەكلا ئېنىقلىشىپ كېتەتتى ھەم بىر- بىرىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ھەر خىل قاراڭغۇ سايىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە پۇلاڭلاپ يۈرەتتى. بەزىدە پۈتكۈل دۇنيانى تامامەن ئوخشىمايدىغان نۇر- زىيا ئارىسىغا چۆمۈلگەندەك ھېس قىلاتتىم. بەزىدە ئاداققى نۇرلار جىمى نەرسىنى قوينىغا ئېلىپ، پۈتكۈل ئالەم كەيپىيات ۋە بىردىنبىر ئەۋرىشكىگىلا ئايلىناتتى. شۇنى ھېس قىلاتتىمكى، مەن مۇشۇ خىل تۇيغۇغا ئامراق بولۇپ قالغانىدىم، كىتابتىن ئىزدەيدىغىنىم دەل مۇشۇ خىل كەيپىيات ئىدى. مەن ئىستانبۇل بېشىكتاشتىكى ئۆيۈمدە رومان ئوقۇۋېتىپ، روماندا تەسۋىرلەنگەن دۇنياغا ئاستا- ئاستا مەپتۇن بولۇپ كەتكەن چېغىمدا كىتابنى ئېچىشتىن بۇرۇنقى ئىش- ھەرىكەتلىرىم قالدۇرغان خىلمۇخىل كۆلەڭگىلەر ـــ ئىچكەن چايلىرىم، ئانام بىلەن قىلىشقان پاراڭلار، كاللامدا پەيدا بولغان تۈرلۈك ئوي- خىياللار، كۆڭلۈمدە قېپقالغان ئەرزىمەس ئاداۋەت- خۇسۇمەتلەر سۇسلىشىپ، ئاستا- ئاستا غايىپ بولۇشقا باشلايتتى.
مەن ئولتۇرغان ئاپېلىسىن رەڭگىدىكى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇق، يېنىمدىكى ئاچچىق تاماكا ھىدى پۇراپ تۇرغان كۈلدان، گىلەم سېلىنغان ئۆي، كوچىدا سۈرەن- چوقان سېلىشىپ پۇتبول ئويناۋاتقان بالىلار، يىراقلاردىن ئاڭلىنىۋاتقان پاراخوتلارنىڭ گۈدۈك ئاۋازىنىڭ ئېڭىمدىن ئاستا- ئاستا غايىپ بولۇپ، كۆز ئالدىمدا يېڭىچە بىر دۇنيانىڭ ئاستاغىنە زاھىر بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. روماننى بىر بەتتىن، بىر بەتتىن ئوقۇشقا باشلايتتىم. بۇ يېڭى دۇنيا بارغانسېرى كونكرېتلىشىشقا، بارغانسېرى سۈزۈكلىشىشكە باشلايتتى. خىلمۇ خىل كۆرۈنۈشلەر، كۆلەڭگىلەر، ئىش- ۋەقەلەر، پېرسوناژلار دىققەت نۇقتىسىغا كىرىشكە باشلايتتى. يېڭى دۇنيا كۆز ئالدىمدا زاھىر بولغان دەقىقىدە مېنى مەپتۇن قىلغان، پېرسوناژلارنى، ئىش- ۋەقەلەرنى ۋە نەرسىلەرنى ئەسلىشىمگە، خىيال قىلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىش- ۋەقەلەر مېنى بىزار قىلاتتى، ئازابلايتتى. بىر ھەقىقىي باش پېرسوناژنىڭ شىرەم تۇغقىنى (ئۇلارنىڭ قانداق تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ)، بىر تال تاپانچا سېلىپ قويۇلغان، قەيەرگە قويۇلغانلىقى ئېنىق بولمىغان بىر تارتما ياكى قوش قاتلاملىق مەنىگە ئىگە، لېكىن يەنە بىر قاتلاملىق مەنىسىنى دەپ بەرگىلى بولمايدىغان سۆھبەتلەر ـــ مۇشۇ تۈردىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنى قىيناپ ئارام بەرمەيتتى. كۆزلىرىم سۆز- جۈملىلەر ئارىسىدا جىددىي يۆتكەلگەن چاغدا قەلبىم تىت- تىتلىق بىلەن خۇشاللىقنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالاتتى، جىمى ئىشلارنىڭ دەرھال ئۆز ئورنىغا قايتىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىپ كېتەتتىم. بۇنداق پەيتلەردە ھېس- تۇيغۇلىرىمنىڭ جىمى دەرۋازىلىرى داغدام ئېچىلىپ، گويا بىر نەرسىلەردىن ئۈركۈپ ئارانلا تۇرىدىغان جانۋارلارغا ئوخشاش تامامەن ناتونۇش بىر مۇھىتقا دۇچ كېلەتتىم، ئېڭىم بارغانسېرى تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتلىنىشكە باشلايتتى، بۇ ھال ھولۇقۇپ ئەس- ھوشۇمنى يوقىتاي دېگەن چاغدىلا ئاندىن ئاخىرلىشاتتى. قولۇمدىكى رومان ۋەقەلىكىگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم كىرىشىپ كېتەتتىم، ئۆزۈمنى گويا ئۇنىڭ ئىچىدىكى دۇنيا بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلاتتىم، ئۆز تەسەۋۋۇرۇمدا سۆز- جۈملىلەرنى كونكرېتلاشتۇرۇشقا، كىتابتا تەسۋىرلەنگەن جىمى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى زاھىر قىلىشقا تىرىشاتتىم.
لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ خىل جىددىي، كىشىنى چارچىتىپ ھالىنى قويمايدىغان تىرىشچانلىقلاردىن نەتىجە كۆرۈلۈشكە باشلايتتى. مەن كۆرۈشكە تەشنا بولۇۋاتقان پىپايان كۆرۈنۈش- مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمدا نامايان بولاتتى؛ ئىس- تۈتەكلەر تاراپ كەتكەندىن كېيىن زېمىن سۈزۈكلەشكەنگە ئوخشاش، كىشىگە تولىمۇ جانلىق تەسىر بېرىدىغان تەپسىلاتلار روي بېرىشكە باشلايتتى. ئارقىدىن ئۇلىشىپلا گويا بىر كىشىنىڭ دەرىزە تۈۋىدە مەمنۇنىيەت ئىلىكىدە تىككىدە تۇرۇپ تالادىكى مەنزىرىلەرگە نەزەر سېلىۋاتقىنىغا ئوخشاش روماندا تەسۋىرلەنگەن شەيئىلەرنى كۆرەتتىم. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا لېف تولستوينىڭ «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» رومانىدىكى پىئېرنىڭ تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ بورودىنو جېڭىگە قانداق نەزەر سالغانلىقى ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنى ئوقۇش رومان ئوقۇشنىڭ ئۆرنىكى ئىدى. بىزگە روماندىكى خىلمۇخىل تەپسىلاتلار ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن قوراشتۇرۇلغاندەك، ئۆز ئىختىيارىمىزغا تاپشۇرۇلغاندەك تۇيۇلىدۇ. بىز يەنە مۇشۇ تەپسىلاتلارنى ئەس- خاتىرىمىزگە جۇغلاش زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. تەپسىلاتلارنى بۇنداق پۈتۈنلەي ئاشكارىلاش گويا بىر پارچە رەسىمگە يۈزلەنگەنگە ئوخشايدۇ، ئوقۇرمەن ئۆزىنى روماندىكى سۆز- ئىبارىلەرنى ئوقۇۋاتىمەن دەپ ئويلىمايدۇ، بەلكى ئۆزىنى بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىدىن ھوزۇرلىنىۋاتىمەن دەپ ھېس قىلىدۇ. بۇ يەردە ئاپتورنىڭ رەسىمدىكى تەپسىلاتلارنى بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە ئوقۇرمەننىڭ كونكرېتلاشتۇرۇش ئارقىلىق سۆز- ئىبارىلەرنى چوڭ تىپتىكى مەنزىرە رەسىمىگە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى ھەممىدىن مۇھىم. بىزنىڭ رومان ئوقۇشىمىز ھەرگىزمۇ بىر كەڭ كەتكەن مەنزىرە، جەڭ مەيدانى ياكى تەبىئەت ئىچىدە قانات يايمايدۇ. بىز يەنە ئۆيدە يۈز بەرگەن ئىشلارغىمۇ نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىمىز. مەزمۇن ئۆي ئىچىدىكى بۇرۇقتۇرما كەيپىيات بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ ـــ كافكانىڭ «شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى» دەل بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. بىزنىڭ ھېكايە ئوقۇشىمىز بەئەينى مەنزىرە تاماشا قىلغانغا ئوخشايدۇ، قەلب كۆزىمىز ھېكايىنى رەسىمگە ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ، ئۆزىمىزنى رەسىمدىكى كەيپىيات ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرىپ ئۇنىڭدىن زوق ئالدۇرۇشقا ھەمدە ئۇنى توختىماي ئىزدىتىشكە تىرىشىدۇ.
يەنە بىر مىسال كەلتۈرەي، تولستوي دەرىزىدىن تالاغا نەزەر تاشلاپ تۇرغان بىر ھالەتنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ، بىز رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا روماندىكى مەنزىرە ئىچىگە قانداق غەرق بولۇپ كەتكىنىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ كۆرۈنۈش ھەر قانداق دەۋردە ئەڭ بۈيۈك سانىلىدىغان رومان «ئاننا كارىنىنا» دىن ئېلىنغان. ئاننا موسكىۋادا فرونسكى بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قالىدۇ. كەچتە پويىزغا ئولتۇرۇپ سانكىت پىتىربۇرگدىكى ئۆيىگە كېتىۋاتقاندا ئېيتقۇسىز بىر خۇشاللىق ئىلىكىگە چۆمۈلىدۇ. چۈنكى ئەتىسى ئەتىگەندە بالىلىرى ۋە ئېرى بىلەن كۆرۈشەتتى. تۆۋەندىكىسى روماندىكى شۇ ھەقتىكى كۆرۈنۈش:

ئاننا . . . قەغەز كېسىدىغان پىچاق بىلەن ئەنگلىيە يازغۇچىسىنىڭ رومانىنى قولىغا ئالدى. ئېيتقۇسىز بىسەرەمجانلىق ۋە شاۋقۇن- سۈرەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى چۇلغۇۋالدى، بۇ ئاۋازلار پويىز قوزغالغاندا چاغدىمۇ ئۇنى ئارامىدا قويمىدى. كەينىدىن سول تەرەپتىكى دەرىزىگە ئۇرۇلۇۋاتقان، دەرىزىگە چاپلىشىپ قېلىۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى، دەرىزە تۈۋىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پويىز خادىمىنىڭ ئۈستى- بېشى قارغا چۈمكەلگىنىچە مەھكەم ئورىنىپ كېتىۋاتقان ھالىتى، سىرتتا دەھشەتلىك شىۋىرغان چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە بولۇنۇۋاتقان پاراڭلار ئۇنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى توختىماستىن تەكرارلىناتتى: ھە دېسىلا سىلكىنىش- تەۋرىنىش، ھۇشقۇيتقان ئاۋاز؛ ھەدېسىلا دەرىزىگە ئۇرۇلۇۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى، پارنىڭ گاھ ئىسسىپ، گاھ سوۋۇپ كېتىشى، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە گاھ پەيدا بولۇپ گاھ غايىپ بولۇشى، ھە دېسىلا ئاشۇ ئاۋازلار. لېكىن، ئاننا روماننى ئوقۇشقا ئاخىرى كىرىشتى، ئوقۇغاندىمۇ ناھايىتى چۈشىنىپ ئوقۇدى. ئانۇشكا مۈگدەشكە باشلىغانىدى، قىزىل سومكىسىنى تىزىغا قويۇۋالغانىدى، يىرتىق پەلەي كىيىۋالغان پەنجىسى كەڭ قوللىرى بىلەن ئۇنى چىڭڭىدە تۇتۇۋالغان ئىدى. ئاننا ئاركادىيېفنا روماننى بېرىلىپ ئوقۇماقتا ئىدى، لېكىن كىتاب ئوقۇشنى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىشنىڭ ئىنكاسى دېيىشكە بولاتتى، شۇڭا ئۇنىڭغا رومان تولىمۇ مەززىسىز تۇيۇلۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇشتىن ئىزدەيدىغان ئىستەكلىرى بەكلا كۈچلۈك ئىدى. روماننى ئوقۇپ ئايال باش پېرسوناژنىڭ بىمارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئۇنىڭ يېنىك قەدەملىرى بىلەن كېسەلخانا ئىچىدە مېڭىپ يۈرگۈسى كەلدى. پارلامېنت ئەزاسىنىڭ نۇتۇق سۆزلەۋاتقان يېرىگە كەلگەندە ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇنداق نۇتۇق سۆزلىگۈسى كەلدى؛ مارى خانىقىزنىڭ ئات مىنىپ، ئوۋ ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ شىكارغا چىققان، يەڭگىسىنىڭ چىشىغا تەگكەن، باتۇرلۇقى بىلەن كىشىلەرنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرغان يېرىگە كەلگەندە ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق بولغۇسى كەلدى. لېكىن، ئۇنىڭغا قىلغۇدەك ئىش يوق ئىدى، شۇڭا ئۇ نازۇك قوللىرى بىلەن ھەدەپ سىيلىق قەغەز كېسىش پىچىقىنى ئوينايتتى، ئۆزىنى رومان ئوقۇشقا زورلايتتى.
ئاننا رومانغا زادىلا كىرىشەلمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس- خىيالى ۋرونسكىدا ئىدى، چۈنكى ئۇ ھاياتقا تەشنا ئىدى. ئەگەر ئۇ پىكىر- خىياللىرىنى رومانغا مەركەزلەشتۈرەلىسە مارى خانىقىزنىڭ ئات مىنگىنىچە بىر توپ ئوۋ ئىتىنىنىڭ كەينىدىن مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاسانلا تەسەۋۋۇر قىلالايتتى؛ ئاشۇ كۆرۈنۈشنى كونكرېتلاشتۇراتتى، دەرىزە سىرتىغا نەزەر تاشلايتتى؛ ئۆزىنى گويا سىرتىدىن كۆزىتىۋاتقان كۆرۈنۈش ئىچىگە ئاستا- ئاستا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.
زور كۆپ ساندىكى يازغۇچىلار روماننى بىر نەچچە بەت ئوقۇپلا مەنزىرە رەسىمىدىن زوق ئېلىۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇدا بولىدۇ. سىتېندالنىڭ «قىزىل ۋە قارا» رومانىنى يېزىشقا قانداق كىرىشكەنلىكىنى ئەسلەپ باقايلى. ئاۋۋال كىچىك شەھەر ۋىرىيالغا يىراقتىن نەزەر تاشلىغىنىمىزدا بۇ شەھەر جايلاشقان تاغ باغرىنى، قىزىل رەڭلىك ئۇچلۇق كاھىشلار بىلەن يېپىلغان ئاپئاق ئۆيلەرنى، بۈك- باراقسان ئۆسۈپ كەتكەن كاشتان دەرەخلىرىنى، شەھەر خارابىسىنى كۆرىمىز. دۇ دەرياسى قەلئە ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدۇ. ئارقىدىن ياغاچ ھەرىدەش زاۋۇتى بىلەن باسما گۈل ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتنى كۆرىمىز.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى بەتلەردە بىز مەركىزىي پېرسوناژنىڭ بىرى بولمىش شەھەر باشلىقى بىلەن ئۇچرىشىمىز ھەمدە ئۇنىڭ مىجەز- خاراكتېرىنى چۈشىنىمىز. رومان ئوقۇشنىڭ ھەقىقىي ھۇزۇرىنى تاشقىي دۇنيادىن ئەمەس، بەلكى رومان دۇنياسىدا ياشايدىغان باش پېرسوناژنىڭ نەزەرىدىكى دۇنيادىن بىۋاسىتە ئالىمىز. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا يىراققا ئاغدۇرۇلغان نەزەر دائىرىمىز بىلەن ۋاقىت ئوتتۇرىسىدا پالاقشىپ يۈرىمىز، ئومۇمىي ئىدىيە بىلەن ئالاھىدە ئىش- ۋەقەلەر ئارىسىدا سەيىر ئېتىمىز. يىراقتىكى مەنزىرە رەسىمىگە نەزەر تاشلىغان چېغىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ رەسىمدىكى پېرسوناژنىڭ ئىدىيەۋى دۇنياسى ئىچىگە كىرىپ كەتكىنىمىزنى ھېس قىلىمىز، پېرسوناژلارنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۇششاق ئۆزگىرىشلەرنى تۇيۇقسىز بايقايمىز. بۇ ـــ جۇڭگونىڭ تاغ- دەريالىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىمدىن ئالغان زوققا ئوخشاپ كېتىدۇ. رەسىمدە جۇغى كىچىكرەك بىر كىشى دەريا سۈيى بىلەن دەل- دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى سۆيۈشۈپ تۇرغان ئورمانلىق ئىچىدىكى بىر قىيا تاشتا تىك تۇرغان بولىدۇ: بىز پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن ئۇنىڭغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرىمىز، ئۇنىڭ كۆزى ئارقىلىق ئەتراپتىكى مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىمىز (جۇڭگوچە رەسىملەردىن مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھۇزۇرلىنىش كېرەك). شۇنىڭ بىلەن مەنزىرىنىڭ رەسىمدىكى پېرسوناژنىڭ ئىدىيەسى، كەيپىياتى ۋە ھېس- تۇيغۇلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى، روماندىكى مەنزىرەنىڭ روماندىكى باش پېرسوناژنىڭ ئىچكى روھىي ھالىتىنىڭ داۋامى ۋە تەركىبىي قىسىمى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. قىلچە يوچۇقى بولمىغان بىر ئۆتكەل ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ بۇ باش پېرسوناژلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىمىز. رومان ئوقۇش بارلىق تەپسىلاتلار ئەس- خاتىرىمىزگە ئورناشقان چاغدا ئۆزىمىزنىڭ ئاستا- ئاستا روماندىكى باش پېرسوناژنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىش- ھەرىكىتىگە ئەگىشىدىغانلىقىمىز ھەمدە ئومۇمىي مەنزىرىدىن بۇ ئىدىيە ۋە ئىش- ھەرىكەتلەرگە مەنە ئاتا قىلىشىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز شۇ تاپتا روماندىكى مەنزىرىگە غەرق بولىمىز. لېكىن بىز تېخى بايىلا سىرتتىن كۆزىتىۋاتقان ئىدۇق: بىز قەلب كۆزىمىز ئارقىلىق تاغ تىزمىلىرىنى كۆرگەندىن باشقا يەنە دەريا سۈيىنىڭ مۇزدەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز، دەل- دەرەخلەرنىڭ ھىدىنى ھىدلايمىز، باش پېرسوناژ بىلەن مۇڭدىشىمىز، روماندا تەسۋىرلەنگەن دۇنيانىڭ تەكتىگە شۇڭغۇيمىز. روماننىڭ تىلى بىزنىڭ بىر- بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان، بىر- بىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدىغان ئامىللارنى ئۆزئارا يۇغۇرۇۋېتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ، بىزنى ئوخشاش بىر كۆرۈنۈش ئىچىدىكى باش پېرسوناژلارنىڭ چىرايى ۋە ئوي- خىياللىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
رومانغا غەرق بولغان چېغىمىزدا ئېڭىمىز جىددىي ھەرىكەتلىنىۋاتقان بولىدۇ، لېكىن بۇ ھال ھەرگىزمۇ ئاننانىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئاننا ئاپئاق قارغا چۈمكىلىپ شاۋقۇن- سۈرەن ئىچىدە پېتىربۇرگقا كېتىۋاتقان پويىزدا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيدۇ- يۇ، قەلبىدە باشقا نەرسىلەرنى ئويلايدۇ. بىز مەنزىرىلەرنى، دەل- دەرەخلەرنى، پېرسوناژلارنى، پېرسوناژلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئۇلار ئۇچراشقان نەرسىلەرنى كۆزىتىمىز؛ ئاشۇ نەرسىلەر قالدۇرغان ئەس- خاتىرىلەر، باشقا پېرسوناژلار ۋە ئادەتتىكى ئىدىيەلەر ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرىمىز. ئېڭىمىز بىلەن ھېس- تۇيغۇلىرىمىز جىدىي ئايلىنىشقا باشلايدۇ، پۈتۈن دىققىتىمىز بىر يەرگە يىغىلىدۇ، يەنە تېخى نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولىدۇ. لېكىن، نۇرغۇنلىرىمىز ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ مەشغۇلاتلارنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئەسلا بىلمەيمىز. بۇ خۇددى شوپۇر ماشىنا ھەيدەۋاتقان چېغىدا خوت يۆتكىگىنىنى، ماشىنىنى تورمۇزلىغىنىنى، رولنى ئېھتىيات بىلەن بۇرىغىنىنى، شۇنداقلا نۇرغۇن قاتناش قائىدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى، ھەر خىل يول بەلگىلىرىنى كۆرۈپ ۋە چۈشىنىپ، قاتناش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلمىگەندەك بىر ئىش.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شوپۇرنىڭ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى توغرىسىدىكى سېلىشتۇرما ئوقۇرمەن بىلەن يازغۇچىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ. بەزى يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ قايسى ماھارەتنى قوللىنىۋاتقانقانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. ئۇلار ئىستىخىيلىك ھالدا يېزىقچىلىق قىلىدۇ، گويا تامامەن تەبىئىي بىر ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىۋاتقاندەك ھالەتتە تۇرىدۇ، كاللىسىدا ئىجرا بولۇۋاتقان تۈرلۈك مەشغۇلات ۋە مۆلچەرلەرنى بىلمەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە پىروزا سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ ھەر خىل چىشلىق چاقلىرى، تورمۇزى ۋە خوتىنى بەرپا قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. بىز بۇنداق پىسىخىكىلىق ھالەتنى «گۆدەك» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەيمىز. بۇ خىلدىكى يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەن يېزىقچىلىق بىلەن ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ سۈنئىي قاتلىمىغا ئەسلا دىققىتىنى ئاغدۇرمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، «قايتا ئويلىنىش» دېگەن سۆز ئارقىلىق شۇنىڭغا قارشى ھالدىكى پىسىخىك ھالەتنى سۈپەتلىسەك بولىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئوقۇرمەن بىلەن يازغۇچى تېكىستنىڭ سۈنئىيلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ، تېكىستنىڭ رېئاللىققا تەڭ ئەمەسلىكىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ، لېكىن ئوخشاشلا تېكست ئىچىگە غەرق بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلار روماننىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ھەمدە رومان ئوقۇغان چاغدىكى ئاڭ پائالىيىتىنىڭ شەكلىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. يازغۇچى بولغان ئىكەن، بىرلا ۋاقىتتا گۆدەك، ئويلىنىشچان سەنئەت شەكلىنى ئىگەللىشىگە توغرا كېلىدۇ.
باشقىچە ئېيتساق، ھەم گۆدەك، ھەم «ھەسرەتلىك» خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ. فىرىدىرېخ شىللېر ئۆزىنىڭ «گۆدەك شېئىر ۋە ھەسرەتلىك شېئىر» (Uber naïve und sentimentalische, 1795- 1796 Dichtung) ناملىق مەشھۇر ماقالىسىدە بۇ ئىككى ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. شىللېرنىڭ شەرھىسىدە مىسكىن ۋە ئازاب ئېڭىغا ئىگە مودېرنىزم شائىرلىرى نېمىس تىلىدىكى «sentimentalische» دېگەن سۆز ئارقىلىق سۈپەتلەنگەن. بۇنداق شائىرلار بالىلارغا خاس بىغۇبارلىقى، گۆدەكلىكى ۋە مىجەز- خۇلقىنى يوقاتقان بولىدۇ. بۇ، ئىنگلىز تىلىدىكى «sentimental» سۆزنىڭ مەنىسى بىلەن تامامەن ئوخشىمايدۇ. لېكىن، بىز كونكرېت مەنىسىگىلا ئېسىلىۋالساق بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە شىللېر لاۋرىنىس سىتېرىننىڭ «ھەسرەتلىك سەپەر» دېگەن ئەسىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئىنگلىز تىلىدىن سۆز قوبۇل قىلغان (شىللېر لاۋرىنىس سىتېرىنغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۇنى گۆدەك، بالىلارچە تالانتلىقلار قاتارىغا قوشۇۋەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە دانتى، شىكىسپىر، سېرۋانتىس، گيۇتى، ھەتتا دۈرېرمۇ بار ئىدى). بىز شۇنى بىلىشكە ئىنتىزارمىزكى، شىللېر مۇشۇ سۆزنى ئىشلىتىپ ھېلىقىدەك تەبىئىيلىكتىن چەتنىگەن ئاددىي- ساددىلىق ۋە كۈچ- قۇدرەتنى ئىپادىلىگەن، ئۆزلۈك كەيپىياتى ئىدىيەنىڭ ئاڭ ھالىتىگە زىيادە مەپتۇن بولۇپ كەتكەن. ياش ۋاقتىمدا شىللېرنىڭ بۇ ماقالىسىگە قەۋەتلا ئامراق ئىدىم، شۇ تاپتا مەزكۇر ماقالىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ باققۇم، مەزكۇر ماقالە ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ پىروزا سەنئىتى ھەققىدىكى ئىدىيەلىرىمنى شەرھىلەپ باققۇم (مەن ئىزچىل شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىمەن) ھەمدە توغرا ئىپادىلەپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.
توماس مان شىللېرنىڭ بۇ مەشھۇر ماقالىسىنى «نېمىس تىلىدا ئەڭ گۈزەل ھالەتتە يېزىلغان ماقالە» دەپ قارىغان. شىللېر شائىرلارنى گۆدەك ۋە ھەسرەتلىك دەپ ئىككى خىلغا ئايرىيدۇ. گۆدەك شائىر تەبىئىيلىك بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كېتىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ئۇلار تەبىئىي ـــ تىنچ، رەھىمسىز ئەمما تولىمۇ دانا كېلىدۇ. ئۇلار شېئىرنى سەمىمىيلىك بىلەن يازىدۇ، ئېڭىدا ئەكس ئەتكەننى ئويلاپ تۇرمايلا ئەينەن يازىدۇ، شېئىرنىڭ تىلىغا ياكى ئېتىكىلىق نەتىجىسىگە ئۇنچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ، باشقىلارنىڭ قانداق باھا بېرىشى بىلەنمۇ ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۆزى بىلەن دەۋرداش شائىرلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇلار شېئىرنى تەبىئىيلىك ئاتا قىلغان بىر ئورگانىك تەسىرات دەپ قارايدۇ، بۇ خىل تەسىرات ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئالىمىدىن ئەزەلدىن ئايرىلمايدۇ. گۆدەك شائىرلار تەبىئىيلىكنىڭ بىر قىسىمى؛ شېئىر تەبىئىيلىكتىن يارىتىلىدۇ ۋە سىتېخىيلىك ھالدا گۆدەك شائىرلانىڭ قەلىمىدىن تۆكۈلىدۇ. شېئىر ھەرگىزمۇ شائىرنىڭ تەپەككۇرىدىن تۆكۈلمەيدۇ، ئۇ شائىرنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئىجاد قىلىشىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، مەلۇم خىل بېكىتىلىپ قويۇلغان ۋەزىن- قاپىيەلەر ياردىمىدە ئىپادىلىنىشكە مۇھتاج بولمايدۇ، ھەم توختىماي ئۆزگەرتىش ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد قىلىشقىمۇ ئېھتىياجى يوق. شېئىر ھېچقانداق ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا قەلەم ئۇچىدىن تۆكۈلۈشى كېرەك. شېئىر ھەتتا تەبىئىيلىك ياكى باشقا مەلۇم خىل كۈچ- قۇدرەتنىڭ بىشارىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن. بۇنداق رومانتىزملىق كۆز قاراشنى تەرغىپ قىلىدىغانلاردىن يەنە ئەنگىلىيە شائىرى سامۇئېل تايلور كولېرىجمۇ بار. ئۇ ـــ گېرمانىيە رومانتىزمىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى. ئۇ 1816- يىلىدىكى «قۇبلايخان» ناملىق شېئىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە يۇقىرىقى ئىدىيەلەرنى ئېنىق ئىپادىلىگەن («قار» ناملىق رومانىمدىكى باش پېرسوناژ، شائىر كار دەل كولېرىج ۋە شىللېرنىڭ تەسىرىدە شېئىر يازىدۇ، شۇنداقلا گۆدەك شېئىر كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ). شىللېرنىڭ ماقالىسىنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا چەكسىز قايىللىقىم قوزغىلىدۇ. ئۇ تىلغا ئالغان گۆدەك شائىر ھەل قىلغۇچ خاراكتېرگە ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ قويغۇم كېلىدۇكى، گۆدەك شائىرلار ئۆز تىلى، سۆزلۈكى ۋە مىسرالىرىنىڭ ئاددىي مەنزىرىلەرنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغانلىقىدىن قىلچە گۇمانلانمايدۇ، ئۇ يەنە تېخى ئاشۇنداق ئاددىي مەنزىرىلەرنى قايتا نامايان قىلالايدۇ، دۇنيانىڭ ئەھمىيىتىنى ناھايىتى جايىدا ۋە ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ سۈرەتلەپ بېرەلەيدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەكمۇ يىراقتىكى ئىش ئەمەس، ھەم ئۇنچە مەخپىي، يوشۇرۇن ئىشمۇ ئەمەس.
يەنە بىر جەھەتتىن، شىللېر «ھەسرەتلىك» (ھېسسىياتچان، شەيئىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىدىغان) شائىرلارنى بەزى جەھەتلەردە دەككە- دۈككە ئىچىدە ياشايدۇ دەپ قارايدۇ: بۇنداق شائىرلار ئۆزى ئىشلەتكەن تىلنىڭ ھەقىقەتكە تويۇنغان- تويۇنمىغانلىقىغا، ھەقىقەتكە يېتەلىگەن- يېتەلمىگەنلىكىگە جەزىم قىلالمايدۇ؛ بايان قىلغانلىرىنىڭ ئۆزى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىنى يەتكۈزەلىگەن- يەتكۈزەلملىگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بۇ خىلدىكى شائىرلار ئۆزى يازغان شېئىرغا زىيادە دىققەت قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ؛ شېئىرىدا ئىشلەتكەن مېتود، ماھارەت ۋە ئۆزى تىرىشىپ يۈرۈپ قوللانغان تاكتىكىلارغا قادىلىۋالىدۇ. گۆدەك شائىرلار ئۆزى ھېس قىلغان دۇنيا بىلەن دۇنيانىڭ ئۆزىنى ئۇنچە تەپسىلىي ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ. لېكىن، ھەسرەتلىك، ئويلىنىشچان مودېرنىستىك شائىرلار ئۆزى ھېس قىلغان جىمى شەيئىلەردىن گۇمانلىنىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ھېس- تۇيغۇلىرىدىنمۇ گۇمانلىنىدۇ. ئۇ ئۆز ھېس- تۇيغۇلىرىنى شېئىر مىسرالىرىغا سىڭدۈرگەن چېغىدا نۇرغۇن تەربىيەۋى، ئىدراكىي، ئېتىكىلىق پىرىنسىپلار ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىدۇ.
تەپەككۇر سەنئىتى، ئەدەبىيات بىلەن تۇرمۇش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىللېرنىڭ مېنىڭ نەزەرىمدە تولىمۇ قىزىقارلىق، مەشھۇر سانىلىدىغان بۇ ماقالىسىنى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بىر چەشمە بۇلاق دېيىشكە بولىدۇ. ياش ۋاقتىمدا بۇ ماقالىنى يېنىش- يېنىشلاپ ئوقۇغان، ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىش- ۋەقەلەر، باھالانغان شائىرلار ئۈستىدە ھەمدە ھېچقانداق تەپەككۇرسىز، ئۇدۇللا يېزىلغان، ئەقىل- ئىدراكنىڭ ياردىمىدە، ئۆزلۈك ئېڭى ئاساسىدا يېزىلغان شېئىرلار ئارىسىدىكى تۈرلۈك پەرقلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغان ئىدىم. بۇ ماقالىنى ئوقۇۋېتىپ، يازغۇچى سالاھىيىتىدىكى ئۆزۈم ھەمدە رومان يازغان ۋاقتىمدا ھېس قىلغان ھەر خىل كەيپىياتىم ھەققىدىمۇ ئويلانغانىدىم. ئۆزۈمنىڭ رومان ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇنقى رەسىم سىزغاندىكى ھېس- تۇيغۇلىرىمنى ئەسلىدىم. 17 ياش ۋاقتىمدىن 22 ياش ۋاقتىمغىچە رەسىم سىزدىم. بۇ مەزگىلدە بىر كۈنلەردە رەسسام بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. لېكىن، رەسىملىرىم ئەزەلدىن گۆدەكلىك تۈسىدىن قۇتۇلالمىغان ئىدى. كېيىن رەسىم سىزىشتىن ۋاز كەچتىم، بەلكىم مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەنگەندىن كېيىن شۇنداق قىلغاندىمەن. يەنە شۇ چاغلاردا شىللېرنىڭ سەنئەت بىلەن ئەدەبىياتنى نېمە ئۈچۈن ئەڭ ئومۇمىي مەنىدىكى «شېئىر» دەپ ئاتىغانلىقى ھەققىدە ئويلىناتتىم. مۇشۇ يۈرۈشلۈك لېكسىيەلىرىمدىمۇ يەنىلا ئوخشاش مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتىمەن ۋە مۇشۇ ئارقىلىق نورتون لېكسىيەلىرىنىڭ روھى ۋە ئەنئەنىسىگە بويسۇنۇۋاتىمەن. شىللېرنىڭ مەزمۇنى مول، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بۇ ماقالىسى مېنىڭ پىروزا سەنئىتى ھەققىدە ئويلىنىشىمغا ھەمراھ بولىدۇ، ياش ۋاقتىمدىكى ئىجادىيەت يولۇمنىڭ «گۆدەكلىك» بىلەن «ھەسرەت» ئارىسىدا قانداق ئارىسالدى بولۇپ يۈرگەنلىكىنى ئېسىمگە سالىدۇ.
شىللېرنىڭ ماقالىسى يالغۇز شېئىر ياكى ئومۇمىي سەنئەت ۋە ياكى ئەدەبىيات ھەققىدىلا ئەمەس، بەزى جايلىرى ئەمەلىيەتتە كىشىلىك خاراكتېر تىپىدىكى پەلسەپىۋى تېكىستلەر ھەققىدىمۇ يېزىلغان. بۇ مەزمۇنلار بىۋاستە دىراما ۋە پەلسەپەنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەن سۆز- ئىبارىلەر ئارىسىدىكى شەخسىي ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلارنى ئوقۇشقا تولىمۇ ئامراق. شىللېر: «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل تۈرى بار» دەيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، گېرمان ئەدەبىيات تارىخىغا ئاساسلانغاندا «گۆدەك شائىرلار گىيۇتىغا، ھەسرەتلىك شائىرلار ماڭا ئوخشايدۇ!» دېگەنلىكتۇر. شىللېر گىيۇتىغا ھەسەت قىلاتتى. چۈنكى گىيۇتى شېئىرلىرىنى ئاجايىپ تالانت بىلەن يېزىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىگە زىيادە ئىشىنەتتى، سالماق ھەم سالاپەتلىك ئىدى؛ خېنىم مىجەزلىكتىن، سۈنئىي، ياسالمىلىقتىن خالىي ئىدى؛ ئاقسۆڭەكلەرگە خاس سۈر- سەيۋىسى بار ئىدى. بۈيۈك، قالتىس ئىدىيەلەر ئاغزىدىن سۇدەك تۆكۈلۈپ تۇراتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئىدى. ئاددىي- ساددا، كەمىتەر، كىچىك پېئىل، تالانتلىق ئىدى. يەنە تېخى ۋۇجۇدىدا مۇشۇنداق كۆپ ئارتۇقچىلىقنىڭ بارلىقىنى ئۆزىمۇ سەزمەيتتى؛ بەئەينى بالىلاردەكلا ساددا، مەسۇم ئىدى. ئەكسىچە، شىللېر بولسا تەپەككۇرى كۈچلۈك، دانا، ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى تولىمۇ چىگىچ ۋە ئازابخۇمار كىشى ئىدى. ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات مېتودىنى ناھايىتى سەگەكلىك بىلەن تونۇيتتى، مۇشۇ مېتودىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىگە گۇمانىي پوزىتسىيە تۇتاتتى ھەمدە مۇشۇ پوزىتسىيە ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى تېخىمۇ زامانىۋىدەك ھېس قىلاتتى.
30 يىلنىڭ ئالدىدا «گۆدەك شائىر ۋە ھەسرەتلىك شائىر» ناملىق بۇ ماقالىنى ئوقۇغان چېغىمدا مەنمۇ شىللېرغا ئوخشاش گيۇتىغا غەزىپىم كېلەتتى؛ تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى بىر ئەۋلاد يازغۇچىلىرىنىڭ ساددا، گۆدەك ئۇسلۇبتا يېزىلغان ئەسەرلىرىدىن بىزارلىقىم قوزغىلاتتى. ئۇلار روماننى تولىمۇ ئەركىن ھالەتتە يازاتتى، ئەزەلدىن ئۇسلۇب ۋە ماھارەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئېتىبارغا ئالمايتتى. مەن ئۇلارنى «گۆدەك» دېگەن سۆز (ئەينى چاغدا مەن بۇ سۆزنى ئىنكار مەنىسىدە ئىشلىتىشكە مايىل ئىدىم) بىلەن سۈپەتلەيتتىم، شۇنداقلا 19- ئەسىردىكى پۈتۈن دۇنيادىكى بالزاكچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان بارلىق رومانلارنى ھەقىقىي ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ دەپ قارايتتىم، ئاشۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قىلچە شۈبھىلەنمەي قوبۇل قىلاتتىم. مانا ئەمدىلىكتە 35 يىللىق پىروزا ئىجادىيىتى سەرگۈزەشتىسى بېشىمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، قەلبىمدىكى گۆدەك يازغۇچىلار بىلەن ھەسرەتلىك يازغۇچىلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى تېپىپ چىققانلىقىمغا ئۆزۈمنى ئىشەندۈرۈشكە قايىل قىلىۋاتىمەن.
مەن ئالدىدا روماندا تەسۋىرلەنگەن دۇنيانى مۇھاكىمە قىلغان چېغىمدا مەنزىرە مېتافوراسىنى ئىشلەتكەنىدىم. يەنە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىمەنكى، ئارىمىزدىكى بەزى كىشىلەر رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدىكى ئاڭ پائالىيىتىنى بىلمەيدۇ. بۇ خۇددى شوپۇر ماشىنا ھەيدىگەندە ئىجرا قىلىۋاتقان مەشغۇلاتلارنى ھېس قىلمىغاندەك بىر ئىش. گۆدەك يازغۇچىلار بىلەن بىغۇبار ئوقۇرمەنلەر مۇشۇ توپتىكى كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ماشىنىغا ئولتۇرۇپ زېمىننى كەزگەندە ماشىنا ئەينىكىنىڭ سىرتىدا كۆز ئالدىدا زاھىر بولۇۋاتقان يېزا- سەھرالار ۋە ئادەملەرنى چۈشەنگەنلىكىگە سەمىمىيلىك بىلەن ئىشىنىدۇ. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ماشىنا دەرىزىسىنىڭ سىرتىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ كۈچ- قۇدرىتىگە ئىشىنىدۇ- دە، ئۆزى كۆرگەن جىمى ئادەملەر ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئۆز پىكرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلايدۇ. بۇ، ھەسرەتلىك ـــ ئويلىنىشچان تىپتىكى يازغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە ھەسەت پەيدا قىلىدۇ. ھەسرەتلىك ـــ ئويلىنىشچان تىپتىكى يازغۇچىلار دەرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ ماشىنا دەرىزىسىنىڭ كىشىكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئەينەككە يەنە لاي- پاتقاق چاپلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك بېككىتچە سۈكۈتكە چۆمىدۇ، ياكى بولمىسا ماڭا ۋە زامانىمىزدىكى نۇرغۇن يازغۇچىلارغا ئوخشاش ماشىنىنىڭ رولىنى، خوتىنى، لاي- پاتقاق چاپلىشىپ قالغان دەرىزىنى ھەمدە ماشىنىنىڭ نەچچىنچى خوتتا كېتىپ بارغانلىقىنى ئاشۇ مەنزىرىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كۆزىمىزگە كۆرۈنگەن نەرسىلەرنىڭ ھامان روماننىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسلا ئۇنتۇلۇپ قالمايمىز.
ھۆكۈمىمىزنى سېلىشتۇرۇپ ئالدى- كەينىمىزگە دەسسەپ قالماسلىقىمىز، شۇنداقلا شىللېرنىڭ ماقالىسىگە مەپتۇن بولۇپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئەڭ مۇھىم ئاڭ پائالىيىتىمىزنى ئىنچىكە رەتلەپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. رومان ئوقۇش جەريانىدا ھېس- تۇيغۇلىرىمىز ھامان مۇشۇنداق تەپەككۇر مەشغۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، پەقەت ئاشۇ «ھەسرەتخۇمار» يازغۇچىلارلا بۇ مەشغۇلاتلارنى تونۇپ يېتەلەيدۇ، بەش قولدەك بىلىپ تۇرىدۇ. بۇ قەدەر ئىنچىكە تەھلىل قىلىش بىزگە روماننىڭ ئەمەلىيەتتە قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنى بىزنىڭ چۈشىنەلەيدىغانلىقىمىزنى، لېكىن ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلىكىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. تۆۋەندىكىسى رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئېڭىمىز ئىجرا قىلىدىغان مەشغۇلاتلار:
1.ئومۇمىي مەنزىرەنى كۆزىتىمىز ھەمدە شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۇرۇپ بايان قىلىمىز. ئىسپانىيەلىك مۇتەپەككۇر ۋە پەيلاسوپ جوس ئورتېگا گاسسېت (Jose Ortega Gasset) سېرۋانتىسنىڭ «دونكىخوت» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى شەرھىلىگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بىز تەۋەككۇلچىلىك رومانلىرى، رېتسارلار رومانى ۋە ئاممىباب رومانلار (رازۋېدكا رومانى، رومانتىك رومانلار، جاسۇسلۇق رومانى قاتارلىقلارنى بەلكىم مۇشۇ تۈرگە مەنسۇپ قىلىشقا بولۇشى مۇمكىن) ئوقۇيمىز، بۇنىڭدىكى مەقسەت ـــ كېيىنكى قەدەمدە قانداق ۋەقەلىك چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن. لېكىن، مودېرنىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان رومانلار (ئۇنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنى بىز ھازىر دەۋاتقان «ئەدەبىي رومانلار») نى ئوقۇشتىكى مەقسىتىمىز بولسا ئۇنىڭدىكى كەيپىياتتىن ھوزۇرلىنىش. گاسسېتنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسلانغاندا، كەيپىيات تەسۋىرلەنگەن رومانلارنىڭ بەكرەك قىممىتى بولىدۇ، ئۇ گوياكى بىر پارچە «مەنزىرە رەسىمى» گە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا بايان تىپىدىكى مەزمۇنلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
بىز ھەمىشە ئوخشاش بولغان نېگىزلىك ئۇسۇلدا رومان ئوقۇيمىز؛ روماندا زور مىقداردىكى بايان تەسۋىرى بىلەن ھەرىكەت بارمۇ- يوق، بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىگە ئوخشامدۇ- ئوخشىمامدۇ دېگەنلەر بىلەن ھېسابلاشماي ئوقۇشقا كىرىشىمىز، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق بايان تۈسىدىكى مەزمۇنلار ئۇچرىمايدۇ. بىز ئادەتلەنگەن ئۇسۇلىمىز بويىچە بايان قوغلىشىپ ئوقۇيمىز، رومان ئوقۇۋېتىپ ئۇچرىغان شەيئىلەرنىڭ يوشۇرۇن مەنە ۋە ئاساسلىق مۇددىئادىن بىشارەت بېرىپ قېلىش مۇمكىنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز. بىر پارچە رومان بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىگە ئوخشاش نۇرغۇن دەل- دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرىنى بىر- بىرلەپ تەپسىلىي تەسۋىرلەيدۇ، ئەمما ھېچقانداق بىر ئىشنى بايان قىلمايدۇ (ئالايلۇق، ئالان روب گرىللېت [Alain Robbe-Grillet] ياكى مىچىل بۇتور [Michel Butor] فىرانسىيە «يېڭىچە پىروزا» سىدا قوللىنىلغان ماھارەتلەرنى ئىجاد قىلغان). بىز يەنە بايان قىلغۇچى مۇشۇنداق شەكىل ئارقىلىق بىزگە بىرەر مەنىنى ئىپادىلەپ بەرمەكچى بولۇۋاتامدۇ نېمە؟ دەرەخلەرنىڭ بۇ يۇپۇرماقلىرى ئاخىرىدا قانداق ھېكايىلەرنى ھاسىل قىلار؟ دەپ ئويلىنىمىز. بىزنىڭ ئېڭىمىز توختىماستىن بىرەر غەرەز، كۆز قاراش، مەقسەت- مۇددىئا ھەمدە بىر سىرلىق مەركەزنىڭ تېگىگە يېتىشنى ئىستەيدۇ.
2. سۆز- ئىبارىلەرنى ئېڭىمىزدىكى ئىماگلارغا ئايلاندۇرىمىز. رومان بىر ھېكايىنى بايان قىلىدۇ، لېكىن رومان يالغۇز بىر ھېكايىلا ئەمەس. ھېكايە نۇرغۇن نەرسىلەر، تەسۋىرلەر، تىۋىش- سادالار، سۆھبەتلەر، خىياللار، ئەسلىمىلەر، ئۇچۇر پارچىلىرى، ئىدىيەلەر، ئىش- ۋەقەلەر، كۆرۈنۈشلەر ۋە ۋاقىتلار ئىچىدىلا ئاندىن ئاستا- ئاستا نامايان بولىدۇ. روماندىن زوق ئالىمەن دەيدىكەنمىز، سۆز- ئىبارىلەردىن نېرى تۇرۇشقا، ئاشۇ شەيئىلەرنى ئېڭىمىزدىكى ئىماگلارغا ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىز سۆز- ئىبارىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن مەنىنى تەسەۋۋۇرىمىزدىكى رەسىملەرگە ئايلاندۇرغان چېغىمىزدىلا ئاندىن ھېكايىنى تاماملىغان بولىمىز. بۇ جەرياندا تەسەۋۇر كۈچىمىزنى رىغبەتلەندۈرىمىز؛ كىتابتا زادى نېمە دېيىلگەنلىكى، بايان قىلغۇچىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقى، نېمە مەنىنى يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ياكى ئۇنىڭ شۇ تاپتا نېمە دەۋەتقانلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. باشقىچە ئېيتقاندا، روماننىڭ مەركىزىنى ئىزدەيمىز.
3. ئېڭىمىزنىڭ يەنە بىر قىسىمى يازغۇچى تەسۋىرلىگەن ھېكايىلەرنىڭ قانچىلىكىنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىش، يەنە قانچىلىكىنىڭ تەسەۋۋۇر ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولىدۇ. بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىزنى، قايىللىقىمىزنى ۋە ھەيرانلىقىمىزنى قوزغاۋاتقان مەزمۇنلارغا قارىتا بىز مۇنداق بىر سوئالنى قويىمىز. رومان ئوقۇش ـــ توختىماي ئىزدىنىش دېمەكتۇر. بىز ئۇنىڭغا مەيلى قانچىلىك بېرىلىپ كەتمەيلى، مۇنۇ بىر نۇقتىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز كېرەك: بۇلارنىڭ قانچىلىكى خىيال، قانچىلىكى چىنلىق؟ بىر جەھەتتىن، بىز روماندىن يوقىتىپ قويغان ئۆزلۈكىمىزنى ھېس قىلىمىز، روماندا تەسۋىرلەنگەن مەزمۇنلارنى تولىمۇ ساددىلارچە راست دەپ ئويلاپ قالىمىز. يەنە بىر جەھەتتىن، روماندىكى خىيال تەركىبلىرىگە ھەسرەتلىك پوزىتسىيە تۇتىمىز. بۇنى بىر لوگىكىلىق پارادوكىس دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، رومان سەنئىتىنىڭ پۈتمەس- تۈگىمەس كۈچ- قۇدرىتى ۋە ھاياتىي كۈچى مۇشۇ ئۆزگىچە لوگىكىنى مەنبە قىلىدۇ، ئۇنىڭ مۇشۇ خىل لوگىكىلىق توقۇنۇشىشىنى مەنبە قىلىدۇ. رومان ئوقۇش غەيرىي دىكارتچە لوگىكىلىق چۈشەنچە دۇنياسىدىن دېرەك بېرىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، توختىماي داۋاملىشىدىغان، ئىلگىرىكىدىن پەرقلەنمەيدىغان ئىقتىدار بولۇشى، شۇنداقلا ئۆز ئارا زىتلىشىدىغان كۆز قاراش بولۇشى كېرەك. قەلبىمىزدە ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ھەقىقىي سىياقتىكى ئۈچىنچى خىل ئۆلچەم ـــ رومان دۇنياسىغا بولغان مۇرەككەپ ئۆلچەم ئاستا- ئاستا پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئېلېمېنتلار ئۆز ئارا توقۇنۇشىدۇ، شۇنداقلا يەنە قوبۇل قىلالايدۇ، تەسۋىرلىيەلەيدۇ.
4. بىز يەنىلا: «رېئاللىق مۇشۇنداق بولامدۇ؟ روماندا بايان قىلىنغان ۋە تەسۋىرلەنگەن ئىش- ۋەقەلەر بىزنىڭ رېئال تۇرمۇشىمىزدا چۈشەنگەن ئىش- ۋەقەلەرگە ماس كېلەمدۇ- يوق؟» دەپ سوئال قويىمىز. ئالايلۇق، بىز ئۆزىمىزدىن: «1870- يىللىرى موسكىۋادىن سانكىت پېتىربۇرگقا قاراپ يولغا چىققان كېچىلىك پويىزدا بىر يولۇچى تولۇق رازىمەنلىك ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بىلەن رومان ئوقۇۋاتامدۇ؟ ئاپتور بىزگە ئاننانىڭ ھەقىقىي بىر كىتاب مەستانىسى ئىكەنلىكىنى، شۇنداق ۋاراڭ- چۇرۇڭ مۇھىتتا تۇرۇپمۇ كىتاب ئوقۇغۇسى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىۋاتامدۇ نېمە؟» دەپ سورايمىز. ئۈمىدۋارلىق روھى رومان يېزىش ماھارىتىنىڭ يادروسىدۇر. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھېس قىلغان ۋە ئېرىشكەن بىلىملەرگە ئەگەر مۇۋاپىق شەكىل ئاتا قىلىنسا ھەقىقىي سىياقتىكى قىممەتلىك بىلىملەرگە ئايلىنىدۇ.
5. بۇ خىل ئۈمىدۋارلىق روھىنىڭ تەسىرىدە بىز ئىماگنىڭ توغرىلىقىغا، خىيال ۋە باياننىڭ كۈچ- قۇدرىتىگە، جۈملىلەرنىڭ قوراشتۇرۇلۇشىغا، نەسىر ئۆز ئىچىگە ئالغان يوشۇرۇن ئەمما ھەقىقىي، چىن بولغان شېئىرىي تۇيغۇ ۋە قاپىيەگە باھا بېرىمىز ھەم شۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپىمىز. ئۇسلۇبتىكى ماھارەت مەسىلىسى بىلەن ھۇزۇرلىنىش ئۈنۈمى گەرچە رومان سەنئىتىنىڭ يادروسى ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن شۇنىڭ يادروسىغا يېقىن كېلىدۇ. كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان بۇ تېمىنى مىليونلىغان ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ.
6. باش پېرسوناژنىڭ تاللىشى ۋە ئىش- ھەرىكىتىگە ئەخلاقىي ھۆكۈم قىلىمىز، شۇنداقلا يەنە يازغۇچىنىڭ روماندىكى پېرسوناژلار ھەققىدىكى ئەخلاقىي ھۆكۈمىنى تەنقىد قىلىمىز. ئەخلاقىي ھۆكۈم رومان ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدىغان سازلىق، پاتقاقلىق. شۇ ئېسىمىزدە بولسۇنكى، پىروزا سەنئىتى پېرسوناژلارنى تەنقىد قىلماستىن، ئەكسىچە پېرسوناژلارنى چۈشەنگىنى ئۈچۈن ئەڭ قالتىس نەتىجە يارىتالايدۇ. ئېڭىمىزدا ئەخلاقىي ھۆكۈمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالساق بولمايدۇ. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئەخلاق ئەلۋەتتە پۈتكۈل مەنزىرىنىڭ بىر قىسىمى بولىدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ قەلبىمىزدىن ئۆرلەپ چىقىپ روماندىكى پېرسوناژلار تەرەپكە يۈزلىنىۋالسا بولمايدۇ.
7. ئېڭىمىز بىرلا ۋاقىتتا يۇقىرىدا دېيىلگەن مەشغۇلاتلارنى ئىجرا قىلىۋاتقان پەيتتە بىز ئۆزىمىزنىڭ بىلىمگە، چوڭقۇرلۇققا ۋە چۈشىنىشكە ئېرىشكەنلىكىمىزنى تەبرىكلەيمىز. بولۇپمۇ ھېلىقىدەك يۈكسەك دەرىجىدە ئەدەبىيلەشكەن رومانلارنى ئوقۇغاندا تېكست بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋىتىمىز شەخسىي مۇۋەپپەقىيىتىمىزگە ئايلىنىدۇ. قەلبىمىزدە روماننىڭ پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈنلا يېزىپ چىقىلغاندەك بىر خىل تاتلىق خىيال ئاستا- ئاستا پەيدا بولىدۇ. يازغۇچى بىلەن ئارىمىزدا شەكىللەنگەن يېقىنلىق ۋە ئىشەنچ بىزنى كىتابنىڭ چۈشەنگىلى بولمايدىغان قىسىمىدىن زىيادە ئەندىشىگە چۈشۈشىمىزدىن ياكى بىز قارشى تۇرۇۋاتقان ۋە ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالمايدىغان شەيئىلەردىن چەتلىتىدۇ ۋە ساقلاپ قالىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا بىز ھەمىشە مەلۇم دەرىجىدە يازغۇچى بىلەن شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولىمىز. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئېڭىمىزنىڭ بىر قىسىمى بىزنىڭ مۇشۇ خىل شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىزنى قوللىشىمىزغا ياردىمى بولىدىغان ئىجابىي خاسلىقنى يوشۇرۇش، ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش، يارىتىش ۋە قۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ. چۈنكى بىز بايانغا ئىشەنگەچكە بايان قىلغۇچىغا ئىشەنگۈمىز بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايمىز. چۈنكى بىز تولىمۇ ساداقەتمەنلىك بىلەن باياننى ئوقۇشقا ئىنتىزار، ھەتتا يازغۇچىنىڭ مەلۇم كۆز قاراشلىرىنى، مايىللىقىنى ۋە ھەۋەس- ئىشتىياقىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئايانمايمىز.
8. مۇشۇ ئاڭ پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان چاغدا ئەس- خاتىرىمىز بىر دەقىقىمۇ توختىماستىن جىددىي خىزمەتكە كىرىشىدۇ. ئاپتور بىزگە نامايان قىلىپ بەرگەن ئالەمدىن مەنە ۋە كىتاب ئوقۇش ھوزۇرىنى بايقاش ئۈچۈن بىز روماننىڭ يوشۇرۇن مەركىزىنى ئىزدەش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمىز. شۇ ۋەجىدىن، بىز روماندىكى ھەر بىر تەپسىلاتنى گويا دەرەخنىڭ ھەر بىر يۇپۇرمىقىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتقاندەك ئەس- خاتىرىمىز ئىچىگە تىندۇرۇۋېتىمىز. يازغۇچى ئانچە ئەستايىدىل ئەمەس ئوقۇرمەنلەرنى دەپ ئۆزى تەسۋىرلەۋاتقان دۇنيانى ئاددىيلاشتۇرۇۋەتكەن ۋە سۇيۇلدۇرۇۋەتكەن بولسا ھەر بىر ئىشنى ئەستە تۇتۇش ناھايىتى مۈشكۈل بىر ۋەزىپىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ مۈشكۈللۈك يەنە رومان شەكلىنىڭ چېگراسىنى بەلگىلەيدۇ. روماننىڭ ئۇزۇنلۇقى روماننى ئوقۇش جەريانىدا توپلىغان بارلىق تەپسىلاتلارنى ئەستە تۇتۇۋېلىشىمىزغا يول قويۇشى شەرت. چۈنكى بىز روماندا تەسۋىرلەنگەن مەنزىرىلەردىن ئۆتكەن چاغدا بىز يولۇققان ھەر بىر ئىشنىڭ ئەھمىيىتى باشقا جىمى ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. روماننى ئىخلاس بىلەن پۈتتۈرۈۋاتقان چاغدا جىمى ئىشلار ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. بۇ پۈتكۈل مۇناسىۋەت روماننىڭ كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە يوشۇرۇن مەركىزىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
9. پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن روماننىڭ يوشۇرۇن مەركىزىنى ئىزدەيمىز. بۇ ـــ رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا بىزنىڭ ئېڭىمىزدا ئەڭ كۆپ ئىجرا بولىدىغان مەشغۇلاتتۇر. بىز بۇ ھەقتە ھېچنېمىنى بىلمىسەكمۇ يەنىلا بۇ نۇقتا ئۈستىدە ھەسرەت ئىلىكىدە ئويلىنىمىز. روماننىڭ باشقا ئەدەبىي بايان تىپىدىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكىدە بىر يوشۇرۇن مەركەز بولىدۇ. توغرىراقى، رومان بىزنىڭ ئوقۇش داۋامىدا رومان ئىچىدىن توختىماي بىز مەركەز ئىزدەۋاتقانلىقىمىزغا ئىشىنىشىمىزگە تايىنىدۇ.
روماندىكى مەركەز نېمىدىن تۈزۈلگەن؟ مەن شۇنداق جاۋاب بېرىمەنكى، رومان روماننى تەشكىل قىلىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن تۈزۈلگەن. لېكىن، بىز سەۋەبىنىمۇ بىلمەستىن شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىز سۆزمۇ- سۆز، جۈملىمۇ- جۈملە ئىزدەۋاتقان مەركەز چوقۇمكى روماننىڭ تاشقىي كۆرۈنۈشىدىن يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشتىكى مەلۇم بىر جايدا بار ئىكەنلىكىنى، بىۋاستە كۆرگىلى، تۇتقىلى، ئىز- دېرىكىنى قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، تولىمۇ جانلىق، تېتىك دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز. بىز تولىمۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن بۇ مەركىزىي كۆرسەتكۈچنى ھەممىلا جايغا ئومۇميۈزلۈك تارقالغان، بۇ مەركەز روماننىڭ جىمى تەپسىلاتلىرىغىچە باغلانغان دەپ قارايمىز. مەزكۇر يۈرۈشلۈك لېكسىيەدە مەن بۇ مەركەزنى تولىمۇ چىن ھەم خىيالىي يوسۇندا مۇھاكىمە قىلدىم.
چۈنكى بىز روماندا مەركەزنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز ياكى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا گويا ئوۋچى زېمىننى كەزگەندەك ھەر بىر تال يوپۇرماق، ھەر بىر تال سۇنۇق شاخ- شۇمبىلارنى مەلۇم بىر خىل ئالامەت، بىشارەت دەپ قاراپ، ئۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىمىز. ئالدىمىزغا قاراپ ئىلگىرىلەيمىز، روماندىكى ھەر بىر يېڭى سۆز، بۇيۇم، پېرسوناژ، باش پېرسوناژ، سۆھبەت- پاراڭ، تەسۋىر، تەپسىلات، تىل ۋە ژانېردىكى ھەر بىر خىل خاسلىق، باياننىڭ ھەر بىر قېتىملىق بۇرۇلۇش ياسىشى شۇنچە يوشۇرۇن بولىدۇ ھەمدە بىۋاستە ئاشكارىلانمىغان مەلۇم نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى روماندا بىر مەركەز بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە قارىماققا قىلچە مۇھىم بولمىغان مەلۇم بىر تەپسىلاتنى تولىمۇ مۇھىم قارايمىز، روماندىكى ھەر بىر يۈزەكى ئىش- ۋەقەلەرنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ باشقىچە بىر خىل سىياقتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. روماندىكى بايانلار خىلمۇ خىل ئۆكۈنۈش، پۇشايمان، جاھىللىق ۋە ئەندىشە قوزغايدۇ. بۇ كىتابتىكى بىزنى ئۈچ ئۆلچەملىك ئالەمگە مەپتۇن قىلىدىغان ئۇ خىل خىياللار مەيلى بۇ مەركەز چىن ياكى فانتازىيەلىك بولسۇن، مەركەزدىكى مەۋجۇتلۇقتىن كەلگەن بولىدۇ.
روماننى تارىخىي ئېپوستىن، ئوتتۇرا ئەسىر رىۋايىتىدىن ياكى ئەنئەنىۋى تەۋەككۇلچى بايانلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك ـــ مەزكۇر مەركىزىي نۇقتىنەزەر. روماندىكى پېرسوناژلار تارىخىي ئېپوستىكى پېرسوناژلاردىن مۇرەككەپ ھەم كۆپ بولىدۇ. رومان كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ جىمى قاتلاملىرىغىچە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى مەلۇم جايدا بىر مەركەز بولغاچقا، رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا مۇشۇنداق ئۈمىدتە بولىدىغىنىمىز ئۈچۈن رومان ئاشۇنداق خاسلىق ۋە كۈچ- قۇدرەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. ئەگەر رومان بىزگە ئۆرپ- ئادەتلىك تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك تەپسىلات ۋە ئۇششاق خىياللىرىمىزنى، كۈندىلىك ئادەت ۋە پىششىق بىلىدىغان بۇيۇملارنى نامايان قىلىپ بەرسە بىز تولىمۇ ئىشتىياق ئىلىكىدە ئاخىرىغىچە ئوقۇيمىز. ئەمەلىيەتتە قاتتىق ھەيرانلىققا چۆمىمىز. چۈنكى بۇ نەرسىلەرنىڭ بىر چوڭقۇر مەنىنى، ئارقا كۆرۈنۈشتىكى مەلۇم بىر جايدىكى بىر مەقسەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئومۇمىي كۆرۈنۈشتىكى ھەر بىر ئالاھىدىلىك، ھەر بىر تال يوپۇرماق، ھەر بىر دەستە گۈل تولىمۇ قىزىقارلىق ۋە كىشىنى جەلپ قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە مەنە يوشۇرۇنغان.
رومان سىتىرىئولۇق ساختىلىق بولغاچقا ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالالايدۇ، ئەمەلىيەتتە جىمى ئىنسانلارنى ھاياجانغا سالالايدۇ. رومان يەككە ئادەمنىڭ ھېس- تۇيغۇلىرىنى، يەنى سەزگۈ ئورگانىزملىرىمىز ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىملەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئەڭ چوڭقۇر نەرسىلەرنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئاشۇ مەركەزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر بىلىم پارچىسىنى، بىۋاستە سېزىمنى، بىر يىپ ئۇچىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. تولىستوي بۇنى تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى دەپ ئاتىغان. بىز پەلسەپەنىڭ قىيىنلىقى ياكى دىننىڭ ئىجتىمائىي بېسىمىغا بەرداشلىق بەرمەي تۇرۇپمۇ دۇنيا ۋە تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ قىممەتلىك بىلىملەرگە ئېرىشەلەيمىز، شۇنداقلا بۇ نۇقتىنى ئۆز ھېس- تۇيغۇمىز، ئەقىل- ئىدراكىمىزغا تايىنىپ رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز. بۇنداق ئارزۇ بىر خىل ناھايىتى باراۋەر، دېموكراتىك ئۈمىدتىن ئىبارەتتۇر.
30 ياش چاغلىرىمدا ئۇيقۇنى تەرك ئەيلەپ، يېمەك- ئىچمەكنى ئۇنتۇغان ھالدا مۇشۇ خىل ئالاھىدە ئارزۇدا رومان ئوقۇيتتىم. كۈچلۈك تەلپۈنۈش ئىلىكىدە ئىستانبولدىكى ئۆيۈمدە ئولتۇراتتىم، ئوقۇغان رومانلىرىمنىڭ ھەر بىر بۆلىكى ماڭا ئالەملىك تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى. گويا بىرەر قامۇس ياكى مۇزېيدەك تۇرمۇشۇمنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بېيىتاتتى، ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىمغا ئوخشاش ئادەمگەرچىلىك تۇيغۇسىغا باي ئىدى، خىلمۇخىل تەشەببۇس، تەسەللىي ۋە ۋەدىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىدى. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمدا چۈش قوينىغا چۆمۈلگەندەك تۇيغۇدا بولاتتىم، دۇنيا بىلىملىرىگە ئېرىشىش، ئۆز- ئۆزۈمنى، روھىمنى يارىتىش ئۈچۈن جىمى ئىشلارنى ئۇنتۇيتتىم.
ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، روماننىڭ قىممىتى ئوقۇرمەننىڭ مەركەزنى ئىزدىشىدىكى كۈچ- قۇدرىتىنى ئۇرغۇتۇشتا ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، روماننىڭ قىممىتىنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمى مۇقەررەركى ئۇنىڭ ئوقۇرمەننىڭ ھېسسىي تۇرمۇشىنى ئۇرغۇتۇشتىكى كۈچ- قۇدرەتكە ئىگە بولغانلىقىدا ئىدى. رومان بىزنىڭ تۇرمۇش ھەققىدىكى ئاساسىي كۆز قاراشلىرىمىزغا جاۋاب بېرىشى، روماننى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەندە مانا مۇشۇنداق ئىستەك پەيدا قىلىشى كېرەك.
چۈنكى ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى يوشۇرۇن مەنە ياكى يوقالغان قىممەتنى ئىزدەش ۋە بايقاشقا ماس كېلىدۇ. پىروزا سەنئىتىنىڭ روھى ۋە شەكلىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ژانېر گېرمانىيەلىكلەر ئېيتقان «چوڭ بولۇۋاتقان رومان» (Bildungsroman) دۇر. بۇنداق روماندا ياش باش پېرسوناژنىڭ دۇنيانى تونۇش جەريانىدا قوبۇل قىلغان تەربىيە، چوڭ بولۇش، پىشىپ- يېتىلىش قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ. ياش ۋاقتىمدا ئەنە ئاشۇنداق رومانلار (فلوبىرنىڭ «تۇيغۇ تەربىيەسى»، توماس ماننىڭ «ئالۋاستى تېغى») نى ئوقۇپ ئۆزۈمنى چېنىقتۇرغان. ئەنە شۇنداق قىلىپ، ئاستا- ئاستا روماندا گەۋدىلەنگەن ئاساسىي بىلىملەرنى ـــ دۇنيانىڭ ھالىتى، تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى بىلىملەرنى كۆرۈپ يېتىشكە باشلىدىم. بۇنداق بىلىملەر يالغۇز روماننىڭ مەركىزىدىلا ئەمەس، يەنە روماننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ بەلكىم بىر مۇنەۋۋەر روماندىكى ھەر بىر جۈملىنىڭ قەلبىمىزدە چوڭقۇر ئەمما چىن تۇيغۇلارنى ئويغىتىپ، بىزگە مەۋجۇتلۇقنىڭ بۇ دۇنيادا نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا بىز يەنە بۇ خىل تۇيغۇنىڭ ئەسلى خاسلىقىنىمۇ بىلىمىز. مەن يەنە شۇنى چۈشىنىپ يېتىمەنكى، بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى سەپىرىمىز، بىزنىڭ شەھەرلەردە، كوچىلاردا، ئۆيلەردە، داچىلىرىمىزدا ۋە تەبىئەتتە ئۆتكۈزگەن تۇرمۇشىمىزنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغىنى باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى ھەم مەۋجۇت بولىدىغان، ھەم مەۋجۇت بولمايدىغان بىر خىل يوشۇرۇن مەنىنى ئىزدەشتۇر.
بۇ يۈرۈشلۈك لېكسىيەدە بىز روماننىڭ بۇنداق ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقالايدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەندۇق. خۇددى ئوقۇرمەن رومان ئوقۇۋاتقان چېغىدا مەركەزنى ئىزدىگىنىگە ياكى روماندا ئۆسۈپ- يېتىلىۋاتقان ياش، گكدەك باش پېرسوناژنىڭ قىزىقسىنىش، سەمىمىيلىك ۋە ئىشەنچ بىلەن تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزدىگىنىگە ئوخشاش، بىز روماننىڭ مەركىزىگە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە تىرىشىمىز. بىز ئۇنىڭ ئىچىدىكى كەڭ كەتكەن مەنزىرە- كۆرۈنۈشلەرنى كېزىپ، ئۆزىمىزنى يازغۇچىغا، روماندىكى توقۇلمىلارغا ۋە ساختا كۆز قاراشلارغا، پېرسوناژلارغا، بايان تەپسىلاتلىرىغا، ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە، نەرسىلەرگە، كۆزىتىشلەرگە، مۇزېيلارغا، بىز ئالدىن ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان جايلارغا ـــ ھەقىقىي پىر پارچە رومانغا يۈزلەندۈرىمىز.

ئورخان پامۇكنىڭ «ساددا ۋە ھەسرەتلىك يازغۇچى» ناملىق كىتاب (بۇ كىتاب مۇشۇ يىل گۈزەل- سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ) ىدىن تەرجىمە قىلىندى

]]> ?feed=rss2&p=12108 0 ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى ?p=11204 ?p=11204#respond Fri, 14 Sep 2012 12:03:54 +0000 ?p=11204 ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى

رېن ۋېلىك، ئاۋسىتىن ۋورىن

       بىز چوقۇم ئالدى بىلەن ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى ئايرىۋېلىشىمىز كېرەك.بۇ ئىككى خىل ئوخشاشمايدىغان پائالىيەت :ئەدەبىيات بولسا ،ئىجادچانلىققا ئىگە بولۇپ ،ئۇ بىر خىل سەنئەت؛ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى ئىلىم پەن دەپ ئېيتىشقا بولمىغان تەغدىردىمۇ ،بىلىم ياكى ئىلىمنىڭ بىر تىپى ھېسابلىنىدۇ.ئەلۋەتتە ،بەزىلەر بۇ پەرقنى چىقىرىپ تاشلاشقا تىرىشىدۇ.مەسىلەن:بىر خىل كۆز قاراش بولۇپ،ئۇلار بىر ئادەم ئەدەبىيات ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانمىغۇچە ئەدەبىياتنى چۇشىنەلمەيدۇ،ئۆز قولى بىلەن قوش قاپىيەلىك قەھرىمانلىق قىسسىلىرىنى يېزىپ باقمىغان ئادەم پوپنى ياكى قاپىيەسىز شېئىر يېزىپ باقمىغان ئادەم ئېلزابىت دەۋرىدىكى دىراممىلارنى تەتقىق قىلماسلىقى كىرەك ھەم قىلالمايدۇ دەپ قارايدۇ.ئەدەبىيات ئىجادىيەت تەجرىبىسى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن پايدىلىق .بىراق تەتقىقاتچىنىڭ ۋەزىپىسى يازغۇچىنىڭكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ .تەتقىقاتچى ئۇنىڭ ئەدەبىي تەجرىبىسىنى چوقۇم ئەقلى شەكىلگە ئايلاندۇرغاندا ،ھەم  پەقەت باش ئاخىرى ماسلاشقان مۇۋاپىق سىستىمىغا ئوخشاتقاندىلا بىلىمگە ئايلىنىدۇ .ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى تەتقىق قىلىدىغان ماتىرىياللار ئىرراتسىئونال بولىشىمۇ ياكى كۆپلىگەن ئىرراتسىئونال ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىشىمۇ مۈمكىن .بىراق ئۇنىڭ ئورنى ۋە رولى بۇنىڭلىق بىلەنلا رەسىم تارىخ تەتقىقاتچىسى ۋە مۇزىكا تارىخ تەتقىقاتچىسىدىن پەرقلىق بولماستىن ،ھەتتا جەمىيەتشۇناس ۋە ئاناتومىيەشۇناس بىلەنمۇ ھېچقانداق پەرقى يوق دېيىشكە بولىدۇ .ناھايىتى روشەن بۇخىل مۇناسىۋەتتىن نۇرغۇنلىغان قىيىن مەسىللەر تۇغۇلىدۇ .بۇلارنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىمۇ كۆپ خىل .بەزى نەزەرىيەچىلەر ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ بىلىم ئىكەنلىكىنى ئۇدۇللا ئىنكار قىلىپ ،ئۇنى ”قايتا ئىجادىيەت ”دەپ قارايدۇ .بۇ خىل كۆز قاراش بۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئاقىۋەتتە يەنىلا پايدىسىز–پېتىر(W.Peter)نىڭ مونالىزا تەسۋىرى،سىموندىز(J.A.Symonds)ۋە سىمونس(A.Symons)نىڭ ھەشەمەتلىك ئەمما توقۇلما ماقالىلىرى دەل مۇشۇ خىل تەنقىدگە ياتىدۇ.ئاتالمىش ”ئىجادىي تەنقىد“ زۆرۈرسىز تەكرار بايان قىلىش يا بولمىسا بىرخىل بەدىئىي ئەسەرنى يەنە بىرخىلغا ئايلاندۇرۇش بولۇپ،ئادەتتە ئەسلى نۇسقىسىدىن ناچار كېلىدۇ.يەنە بىر قىسىم نەزەرىيەچىلەر ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىزنىڭكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان گۇمانلىق خۇلاسە چىقىرىدۇ:ئۇلار ئەدەبىياتنى تەتقىق قىلغىلى بولمايدۇ،ئۇنى پەقەت ئوقۇپ بەھىر ئېلىپ ،ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنالايمىزدېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ.بۇخىل گۇمانلىق قاراش كىشى ئويلاپ يېتەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئومۇملاشقان.ئەمەلىيەتتە ،ئۇلار مۇھىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان ”پاكىت“نىلا تەكىتلەپ،ئۇنىڭدىن ھالقىغان بارچە تىرىشىشقا سەل قارايدۇ.ھوزۇرلىنىش،ئۇسلۇپ،ئەدەبىي قىزىقىش دېگەنلەر بولسا مۇقەررەر ئېچىنىشلىق ھالدا نورمال ئىلىم تەرەققىياتىدىن ساقلىنىدىغان،شەخسى قىزىقىشقا مەستانە بولۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان باھانە بولۇپ قالىدۇ.بىراق بۇ خىل ”ھوزۇرلىنىش“بىلەن“تەتقىقات“نى ئايرىۋېتىش ”ئەدەبىي ”ھەم“سىستىمىلىق“ھەقىقىي ئەدەبىيات يازغۇچىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.

     مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى سەنئەتكە بولۇپمۇ ئەدەبىيات سەنئىتىگە قانداق كونكىرت ئەقلىي ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش .بۇنداق قىلىش مۇمكىنمۇ؟قانداق قىلغاندا مۇمكىن بولىدۇ؟بەزىلەرنىڭ جاۋابى بولسا:تەبىئىي پەندىن كېلىپ چىققان ئۇسۇللارنى ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا ئىشلەتسەكلا بولىدۇ.يۆتكەپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەرخىل.بىر خىلى بولسا ،تەبىئىي پەننىڭ ئوبىكتىپچانلىق،شەكىلسىزلىك،شەخسىيەتسىزلىك قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى ئۆرنەك قىلىش.بۇخىل تەسەۋۋۇر ئادەمگە قاراپ ئۆزگەرمەيدىغان نىيترال ماتىرىياللارنى توپلاشتا ئاساسى جەھەتتىن مۇۋەپپىقىيەتلىك.يەنەبىر خىلى بولسا تەبىئىي پەننىڭ ئۇسۇلىنى دوراپ ،ئەدەبىي ئەسەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنبەسىنى تەكشۇرۇش.ئەمەلىيەتتە،بۇ خىل ”مەنبە تەتقىقات ئۇسۇلى“ھەر قانداق مۇناسىۋەتتىكى ئانالىستىك ماتىرىيالنىڭ مۇلاھىزىسىگە ماس كېلىدۇ.تەبىئىي پەندىكى بۇ خىل مەنبە قانۇنىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىر قەدەر قاتمال بولۇپ ،بېكىتىلمەكچى بولغان ئەدەبىي ھادىسىلەرنىڭ سەۋەبىنى پەقەت ئىقتىسادىي شارائىت،جەمىئەت ئارقا كۆرىنىشى ۋە سىياسىي شارائىتقا باغلاپ قويىدۇ.ئۇنىڭدىن سىرت،بىر قىسىم كىشىلەر بەزى تەبىئىي پەنلەردە ئومۇملاشقان  مىقدار بېكىتىش ئۇسۇلى ،مەسىلەن:سىتاتىستىكا،گىرافىك،كوئوردىنات قاتارلىقلارنى ئەدەبىيات تەتقىقات ساھەسىگە ئېلىپ كىردى.

     بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر ،بۇ خىل ئۆز پېتى يۆتكەپ ئىشلىتىشنىڭ بىزنىڭ ئالدىنقى مۆلچەرىمىزگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. تەبىئىي پەننىڭ ئۇسۇلى پەقەت چەكلىك ئەدەبىيات ساھەسىدە ياكى بەزى ئالاھىدە تەتقىقات ئۇسۇلىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بەزىدە مەلۇم قىممەتلەرگە ئىگە .مەسىلەن:سىتاتىسكا ئىلمىنى نەشىر نۇسقىسىنى تەھرىرلەش ياكى ۋەزىن تەتقىقاتىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.بىراق كۆپلىگەن تەبىئىي پەن ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەدەبىياتنى تەتقىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشىلەر مەغلۇب بولغانلىقىغا تەن بېرىپ ،ۋاقتىنچە قويۇپ تۇرۇشنى جاكارلاپ ئاخىرلاشتۇردى ياكى تەبىئىي پەننىڭ ئۇسۇلى كەلگۈسىدە غەلبە قازىنىدۇ دېگەن خىيال بىلەن ئۆزىگە تەسەللى بەردى.مەسىلەن،رىچارد(I.A.Rrchards)نېرۋا كېسىلىنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇۋەپپىقىيىتى بىلەن كىشىلەرگە بارلىق ئەدەبىيات مەسىللىرىنىڭ يېشىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك بەردى.

     بىز ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا  كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىۋاتقان تەبىئىي پەن ئۇسۇللىرى كەلتۈرۇپ چىقارغان مەسىللەرنى ئەسلەپ بېقىشىمىز كېرەك.بۇ مەسىللەرنى ئاسانلىقچە يوقىتىۋەتكىلى بولمايدۇ.شەك-شۈبھىسىزكى،ئەدەبىيات بىلەن تەبىئىي پەننىڭ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىدا نۇرغۇن كېسىشكەن ۋە تەكرارلانغان يەرلەر بار.يىغىنچاقلاش،تەپسىلىي بايان قىلىش،تەھلىل قىلىش ،ئومۇملاشتۇرۇش ۋە سېلىشتۇرۇشقا ئوخشاش ئاساسلىق ئۇسۇللار بارلىق سىستىمىلاشقان بىلىملەرگە نىسبەتەن ئومۇملاشقان.بىراق يەنە قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە مىساللاردىن كۆرىنىپ تۇرۇپتۇكى ،ئەدەبىياتتا تەبىئىي پەن تەتقىقات ئۇسۇللىرىغا ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە خاس باشقا ئۇسۇللارمۇ بار.يەنە كېلىپ بۇلار ئەقلىي ئۇسۇللار.پەقەت ھەقىقەتكە تار نەزەردە قارايدىغان قارايدىغان كىشىلەرلا ئىجتىمائىي پەننىڭ ئۇتۇقلىرىنى چەتكە قاقىدۇ.ھازىرقى ئىلىم -پەن تەرەققىياتىدىن خېلىلا بۇرۇن پەلسەپە،تارىخ،قانۇنشۇناسلىق،تېئولوگىيە ھەتتا تىلشۇناسلىققىچە ئىزدىنىشنىڭ خېلى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى تېپىپ بولغانىدى.ھازىزقى زامان فىزىكا ئىلمىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى بەلكىم ئاشۇ پەنلەرنىڭ ئورنىنى باستى.لېكىن بۇنىڭلىق بىلەنلا ئىجتىمائىي پەننىڭ ئۇسۇللىرى ساختا ھەم ئۈنۈمسىز بولماستىن ،بەزىدە سەل پەل تۈزىتىپ توغۇرلىغاندىن كېيىن قايتا جانلىنىدۇ ياكى يېڭىلىق يارىتالايدۇ.ئالدى بىلەن شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى ،تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەننىڭ ئۇسۇللىرى ۋە  مەخسەت نىشانلىرىدا ئوخشىماسلىق مەۋجۇد.

     بۇ ئوخشىماسلىقلارنى قانداق ئايرىش بىر مۇرەككەپ مەسىلە.1883 يىلىدىن بۇرۇن دېلتاي(W.Dilthey)چۈشەندۈرۈش ۋە چۈشىنىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل كاتوگورىيەنىڭ سېلىشتۇرمىسىدىن تەبىئىي پەن ۋە تارىخشۇناسلىق ئۇسۇللىرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىقنى چۈشەندۈرىدۇ.دېلتاينىڭ قارىشىچە ،ئالىملار نەرسىلەرنىڭ باش ئاخىرى ۋە سەۋەبلىرىدىن ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرىدۇ.تارىخشۇناسلار بولسا ئۇ ۋەقەنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ .كېيىن رىكەرت(H.Rickert)بۇ خىل كۆز قاراشنى زېھىن قويۇپ تەتقىق قىلىپ ۋە تۈزىتىپ تولۇقلىدى.ئۇ يىغىنچاقلاش ۋە خاسلىق مۇھاكىمىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ساھەسىگە كۆڭۈل قويماستىن ،تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئارىسىدىكى ئوخشىماسلىققا بەكرەك كۆڭۈل بۆلدى.ئۇنىڭ قارىشىچە،ئىجتىمائىي پەن كونكىرت ۋە ئايرىم ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىدۇ.ئايرىم ئەمەلىيەت پەقەت مەلۇم قىممەت سىستىمىسىغا –بۇ مەدەنىيەتنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى خالاس–تەقلىد قىلغاندىلا ئاندىن بايقىغىلى ۋە چۈشەنگىلى بولىدۇ.فىرانسىيەدە سىنوپول(A.D.Xenopel)مۇنداق ئېنىقلىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى:تەبىئىي پەننىڭ تەتقىق قىلىش ئوبىكتى بولسا“ قايتىلانغان ئەمەلىيەت،“ئىجتىمائىي  پەننىڭ  تەتقىق قىلىش ئوبىكتى بولسا ”داۋاملىشىۋاتقان ئەمەلىيەت“ئىتالىيەدە،كىروس(B.Croce)ئۇنىڭ پۈتۈن پەلسەپىسىنى تەبىئىي پەن ئۇسۇلىغا پۈتۈنلەي  ئوخشاشمايدىغان تارىخشۇناسلىق ئۇسۇلىنىڭ ئاساسى ئۈستىگە قۇرىدۇ.

     بۇ مەسىللەرنى تولۇق مۇھاكىمە قىلىش يەنە ئىلىم پەننىڭ تۈرلىرى ،پەلسەپەشۇناسلىق تارىخى ،بىلىش نەزەرىيەسى دېگەن تەرەپلەردىكى چۈشەنچىلەرگە چېتىلىدۇ.بىراق ،بەزى كونكىرىت مىساللاردىن ئازدۇر كۆپتۇر بىلىشكە بولىدۇكى ،ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى بىز نېمە ئۈچۈن شېكىسپىرنى تەتقىق قىلىمىز دېگەن ناھايىتى ئەمەلىي بىر مەسىلىگە دۇچ كەلمەي قالمايدۇ.ئېنىقكى ،بىزنىڭ قىزىقىدىغىنىمىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن ئوخشايدىغان تەرەپلىرى ئەمەس.بولمىسا بىز ھەر قانداق بىر ئادەمنى تەتقىق قىلىۋېرەتتۇق.بىزنىڭ قىزىقىدىغىنىمىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بارلىق ئەنگىلىيەلىك،بارلىق ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى كىشىلەر،بارلىق ئېلزابىت دەۋرىدىكى درامما يازغۇچىلىرى بىلەن ئوخشايدىغان تەرەپلەر ئەمەس،ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا ،بىز پەقەت دېككىر(T.Dekker)ۋە خەيۋۇد(T.Heywood)نى تەتقىق قىلساق تامامەن بولىۋېرەتتى.بىزنىڭ بايقىماقچى بولغىنىمىز شېكىسپىرنىڭ ئۆزگىچە كۆز قارىشى،يەنى شېكىسپىرنى شېكىسپىر قىلغان تەرەپلەر.ئېنىقىنى ئېيتقاندا خاسلىق ۋە قىممەت مەسىلىسى.ھەتتامەلۇم بىر مەزگىل ،مەلۇم بىر ئەدەبىيات ھەركىتى ياكى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلغاندا،تەتقىقاتچىلار قىزىقىدىغىنى پەقەتلا بىر نەرسىنىڭ باشقا تۈردىكى نەرسىگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى ،ئۇلارنىڭ ئالاھىدە كۆرۈنىشى ۋە خۇسۇسىيىتى بولىدۇ.

خاسلىق نەزەرىيەسىنى قوللايدىغان يەنە بىر دەلىل ئىسپات بار،يەنى ئەدەبىياتنىڭ ھەممىباب قانۇنىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ نەتىجىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدۇ.كازامىيان(L.Cazamian)نىڭ ئاتالمىش ئەنگىلىيە ئەدەبىيات قانۇنى،يەنى ئەنگىلىيە مىللىي خاراكتىر رىتىمىنىڭ ھېسسىيات ۋە ئەقىل ئارىسىدا تەۋرىنىش(بۇخىل تەۋرىنىش يېقىنقى زاماندا تېخىمۇ تېزلىشىپ كەتتى)قانۇنىيىتىنى ئۈنۈمسىز، چېچىلاڭغۇ دېمىسەكمۇ،بىمەنە دېيىشكە بولىدۇ.ئۇ ۋىكتورىيە دەۋرىگە ھەرگىزمۇ ماس كەلمەيدۇ.بۇ قانۇنىيەت كۆپىنچە تەسىر ۋە ئەكىس تەسىر ياكى ئەنئەنىگە ئېسىلىش ۋە تىركىشىشىتىن ئىبارەت پىسخىلوگىيەلىك مايىللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.يەنى ھېچ گۇمانلىق بولمىغان تەقدىردىمۇ ،ئىجادىيەت جەريانىدىكى ھەر قانداق ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە نەرسىنى چۈشەندۈرەلمەيدۇ.فىزىكا ئىلمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇۋەپپىقىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇنىيەتلىرىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.مەسىلەن:ئېلىكتىر ،ئىسسىقلىق،تارتىش كۈچى ۋە نۇر قاتارلىقلارنىڭ فومۇلىلىرى.بىراق،ھېچقانداق ئومۇميۈزلۈك.قانۇندىن ئەدەبىيات ئىجادىيىتىدىكى مەخسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. قانچە ئومۇميۈزلۈك بولغانسىرى شۇنچە ئابىستىراكىت ،يەنە كېلىپ چوڭ ئەمما قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.بەدىئىي ئەسەر قانچە كونكىرت بولغانسىرى بىزنىڭ چۈشىنىشىمىز شۇنچە قىيىنلىشىدۇ.

بۇنداق بولغاندا ،بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلشنىڭ ئىككى خىل چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئۇسۇلى بار:بىرى بولسا ،تەبىئىي پەننىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە ئەۋج ئالغان بولۇپ ،ئىلىم پەن ئۇسۇلى بىلەن تارىخشۇناسلىق ئۇسۇلىنى ئوخشاش كۆرۈپ،ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى ئەمەلىيەتنى توپلاش ياكى يۈكسەك يىغىنچاقلانغان تارىخىي قانۇنىيەتنى تىكلەش دەپ قاراش.يەنە بىرى بولسا ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ بىر خىل پەن ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ ،ئەدەبىياتنى ”چۈشىنىش“تە شەخىسنىڭ شەخسى خاراكتىرىنىڭ قوشۇلۇپ كېتىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ ،ھەر بىر ئەسەرنىڭ خاسلىقىنى تەكىتلەپ ،ھەتتا ئۇنى بىردىنبىر خاسلىققا ئىگە دەپ قاراش.ئەمما كېيىنكى پەنگە قارشى ئۇسۇل بولۇپ ،چەكتىن ئېشىپ كېتىشكە يۈزلەنگەندە شۈبھىسىزكى مەلۇم خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىدۇ.چۈنكى ئايرىم شەخىسنىڭ“بىۋاستە سېزىمى“پەقەتلا ھېسسى ھوزۇرلىنىش ئېلىپ كېلىدۇ،ئوبىكتىپچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.ھەربىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ”خاسلىقى ”ۋە ئۇنىڭ ”بىردىنبىر“خۇسۇسىيىتىنى تەكىتلەش،گەرچە بەزى يېنىكلىك قىلىدىغان ئابىستىراكىتلاشتۇرۇلغان تەتقىقات ئۇسۇلىغا نىسبەتەن قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاش رولىغا ئىگە بولسىمۇ،لېكىن ئۇ مۇنداق بىر ئەمەلىيەتنى ئۇنتۇپ قالدى:ھەرقانداق سەنئەتنىڭ رولى ھەرگىزمۇ بىردىنبىر ئەمەس،بولمىسا كىشىلەر ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.ئەلۋەتتە بىزدە پەقەت بىرلا ”خاملەت“بار،پەقەت بىرلا خونسى كىلمىرنىڭ ”دەرەخ“ى بار.بىراق ،ئەگەر مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،بىر دۆۋە ئەخلەتمۇ بىردىنبىر بولىدۇ.چۈنكى يەنە بىر دۆۋە ئەخلەتنىڭ ھەجىمى،تۇرغان ئورنى ۋە خىمىيەلىك تەركىبى بۇ بىر دۆۋە بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئېيتقاندا،ھەربىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ تىللىرى تېگې تەكتىدىن يەنىلا ”ئومومىي خاراكتىر“غا .ئىگە بولۇپ،ئالاھىدە ئەمەس.ئەدەبىياتتىكى ”ئومومىيلىق ”ۋە ”خاسلىق“قا دائىر باش ئاخىرى يوق تالاش تارتىشلارئارىستوتىلدىن باشلانغان بولۇپ،ئۇ شېئىر تارىختىن بەكرەك ئومومىيلىققا ئىگە ،شۇڭا پەلسەپىۋى مەنىگە باي .تارىخ بولسا پەقەت پەۋقۇلئاددە ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىدۇ دەپ ئېيتىدۇ.يەنە دوكتۇر جونسۇنمۇ ئاشۇ قاراشتا بولۇپ،ئۇ شائىرلار ”كۆركۈم گۈلىنىڭ بەرگ سانىنى سانىماسلىقى“كېرەك دەپ كېسىپ ئېيتىدۇ.رومانتىزىمچىلار ۋە ھازىرقى زامان تەنقىدچىلەر زېرىكمەستىن شېئىرنىڭ خاراكتىرى،شېئىرنىڭ مۇسكۇلى ۋە شېئىرنىڭ كونكىرتكلىقىنى تەكىتلەيدۇ.بىراق بىلىش كېرەككى،ھەربىر ئەدەبىي ئەسەر خاسلىق بىلەن ئومومىيلىققى ئىگە،ياكى            ئادەمگە ئوخشاش ھەربىر ئەدەبىي ئەسەر خاسلىققا ئىگە .بىراق ئۇ يەنە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن يەنە ئومومىيلىققا ئىگە.مەسىلەن ،ھەربىر ئادەم ئىنسانلار ئوخشاش جىنىسلىقلار ،ئوخشاش مىللەت ،ئوخشاش سىنىپ ،ئوخشاش كەسىپتىكى كىشىلەر بىلەن ئوخشاش خاراكتىرغا ئىگە .بۇ نۇختىنى تونۇپ يەتكەندە ،بىز بارلىق سەھنە ئەسەرلىرى،بارلىق ئەدەبىيات ۋە بارلىق سەھنە ئەسەرلىرى قاتارلىقلارنى يىغىنچاقلاپ،ئۇلارنىڭ ئومومىيلىقىنى تاپالايمىز.ئەدەبىيات ئوبزورچىلىقى ۋە ئەدەبىيات تارىخچىلىقى ئوخشاشلا بىر پارچە ئەسەر ،بىر مۇئەللىپ،بىر دەۋىر ياكى بىر دۆلەت ئەدەبىياتىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ.بىراق بۇ خىل چۈشەندۈرۈش پەقەت ئوخشاش ئەدەبىيات نەزەرىيەسىنى ئاساس قىلىپ ،ئومۇملاشقان ئۇقۇمنى ئىشلەتكەندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.ئەدەبىيات نەزەرىيەسى بولسا،ئۇسۇل جەھەتتىكى ۋاستە بولۇپ،ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق.

   ئەلۋەتتە،بىزنىڭ بۇ خىل تەسەۋۋۇرىمىز ئورتاق چۈشىنىش ۋە رولىنىڭ بىزنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان چۈشىنىشىمىز ۋە ئويلىرىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىگە سەل قارىمايدۇ.بىراق بۇلار پەقەت ئالدىنقى شەرتتىنلا ئىبارەت.گەرچە ئوقۇش سەنئىتى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسىغا نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان بولسىمۇ،بىراق .ئەگەر ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى پەقەت ئوقۇش سەنئىتىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ دېسەك،بۇ خىل سىستىمىلىق بىلىمنىڭ مۇددىئاسىنى خاتا چۈشەنگەن بولىمىز.كەڭ مەنىدىكى ”ئوقۇش“گەرچە تەنقىدىي چۈشىنىش ۋە بىلىشنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولسىمۇ .بىراق ئوقۇش سەنئىتى يەنىلا ئادەمنىڭ تەربىيىلىنىشىنى مەخسەت قىلىدۇ.ئوقۇش سەنئىتى ئەدەبىيات سەۋىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى بولۇپ،كىشىلەر ئىنتايىن ئېھتىياجلىق.بىراق بۇ ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.چۈنكى ئەدەبىيات تەتقىقاتى دېگەن ئۇقۇم ئاللىقاچان شەخىس مەنىسىدىكى ئەنئەنىۋىيلىكتىن ئېشىپ كەتكەن دەپ قارالغان بولۇپ توختىماستىن تەرەققى قىلىۋاتقان بىلىم ،نەزەر دائىرە ۋە ھۆكۈم قىلىش سىستىمىسى.

]]>
?feed=rss2&p=11204 0
2009 – يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ھېرتا مىلوينى زىيارەت ?p=10875 ?p=10875#respond Sun, 29 Jul 2012 09:17:13 +0000 ?p=10875 تىلنىڭمۇ كۆزى بار

2009 – يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ھېرتا مىلوينى زىيارەت

 

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

2009 – يىل 8 – ئۆكتەبىر ، شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى 2009 يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ گېرمانىيىلىك ئايال يازغۇچى ۋە شائىر ھېرتا مىلويغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى . بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى مارىكا گرىسېر ھېرتا مىلوينى گېرمان تىلىدا تېلېفوندا زىيارەت قىلدى . ئارقىدىن نوبېل فوندى جەمئىيىتى تور بېكىتى (http://nobelprize.org/index.html) گلورىيا كاستەنس (Gloria Custance) گېرمانچىدىن ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلغان زىيارەت خاتىرىسىنىڭ پۈتۈن نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى ، تۆۋەندىكىسى شۇ زىيارەت خاتىرىسىنىڭ تەرجىمىسى .

 

ھېرتا مىلوي : ياخشىمۇسىز!

مارىكا گرىسېر : مۇبارەك بولسۇن مىلوي خانىم ! مەن مارىكا گرىسېر بولىمەن . مەن ھازىر سىزگە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى فوندى جەمئىيىتى تور بېكىتىنىڭ ئىشخانىسىدىن تېلېفون بېرىۋاتىمەن . نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن !

ھېرتا مىلوي : رەھمەت !

مارىكا گرىسېر : سىز گېرمان تىلىدا ئەسەر يازىدىكەنسىز ، ئىلگىرى : «يېزىقچىلىق مەن ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم ، مەن يېزىقچىلىق ئارقىلىقلا مەۋجۇتلۇقۇمنى ساقلايمەن» دەپتىكەنسىز .

ھېرتا مىلوي : شۇنداق . يېزىقچىلىق مېنىڭ ئۆزلۈكۈمنى تېپىشىمدىكى بىردىنبىر ئۇسۇلۇم . چۈنكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا ئۇ ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ . لېكىن ، خىزمىتىم بار ۋاقتىدا ئۇ ماڭا ئۇنچە مۇھىم بىلىنمەيىتتى . شۇ چاغلاردا قەيەرگىلا بارماي ، ئىشتىن ھەيدىلەتتىم ، قاقتى – سوقتى قىلىناتتىم ، سوراققا تارتىلاتتىم ، زىيانكەشلىككە ئۇچرايتتىم . يېزىقچىلىق گاھىدا كىشىنى سەل تەلۋىلەشتۈرۈپ قويىدىكەن . چۈنكى ئۇ دۆلەت شۇنچىلىك نامرات ئىدى ، مەن نۇرغۇن بەخىتسىزلىكلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم .

مارىكا گرىسېر : گېرمانىيىگە 1987 – يىلى ئولتۇراقلىشىپ قالغانىكەنسىز – ھە ؟

ھېرتا مىلوي : شۇنداق .

مارىكا گرىسېر : سىز ئاشۇ دۆلەتنى چۆرىدەپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدىڭىز . سىزنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدۇر ؟

ھېرتا مىلوي : مېنىڭچە ، تارتقان ھەرەجلىرىمنىڭ تولىلىقىدىنغۇ دەيمەن . ئەدەبىيات ۋەزنى بار تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىدۇ . مەن مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا 30 نەچچە يىل ياشىدىم ، مەن ئۇچرىغان بۇ زىيانكەشلىكلەر تەبىئىيلا ئەسەرلىرىمگە باش تېما بولىدۇ . مەن مەخسۇس مۇشۇ تېمىدا ئەسەر يازاي دەپ ئويلىمايمەن ، لېكىن يازغان ئەسەرلىرىمدە مۇشۇ تېما تەبىئىيلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ .

مارىكا گرىسېر : سىز يېزىقچىلىققا قاچان كىرىشكەن ؟ بۇرۇن كىم ئۈچۈن يازغانىدىڭىز ، ئەمدى كىم ئۈچۈن يېزىۋاتىسىز ؟

ھېرتا مىلوي : ئەمەلىيەتتە مەن پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈنلا يېزىقچىلىق قىلىمەن . ئەسەرلىرىمدە ھەقىقەتنىڭ ئەينەن قىياپىتىنى ئاشكارىلىسامكەن ، كەچۈرمىشلىرىمدىن كىشىلەرنى خەۋەردار قىلسامكەن  ، ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ياكى بېشىمغا چۈشكەن كۈنلەرنى يۈرىكىمدىن تونۇسامكەن ، دېگەن مەقسەتتە ئەسەر يازىمەن . مەن كىچىككىنە بىر يېزىدا تۇغۇلغان ، شەھەرگە كېيىن كەلگەن ، تۇرمۇشۇمنى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق دېگىلى بولمايىتتى . ئۇنىڭدىن باشقا ، مەن گېرمانلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئاز سانلىق مىللەت بولساممۇ ، لېكىن ئۆزۈمنى ئۇ دۇنياغا مەنسۇپ دەپ ھېسابلىغۇم كەلمەيىتتى . شۇنداق قىلىپ ، گېرمانلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان باشقا ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلىرىم بىلەن ئارىمىزدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى : تۇنجى كىتابىمنى يازغان چاغدا ئۇلار «ئۆز يۇرتىغا داغ تەگكۈزدى» دېگەننى باھانە قىلىپ مېنى دىنىي تەۋەلىكىمدىن قوغلاپ چىقاردى . چۈنكى ئەسىرىمنىڭ مەزمۇنى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك ئەھۋالى ، قەدىمىي سەھرا تۇرمۇش يوسۇنلىرى ۋە مىللىي ئەۋزەللىك تۇيغۇسىغا بېرىپ چېتىلاتتى . ئۇلار شۇ ۋەجىدىن مېنى ئەپۇ قىلىشمىدى . ئۇلار ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۆز يۇرتىنىڭ تەسۋىرلىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى . ئۇلارچە بولغاندا ، مەن ئۇلار بىلەن مۇرەسسە قىلىشىم كېرەك ئىدى . بۇ تولىمۇ مۇتەئەسسىپ بىر ئاز سانلىق مىللەت ئىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن سىياسىي سەۋەب تۈپەيلى رۇمىنىيە جەمئىيىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلدىم . كېيىن گېرمانىيىگە كەلدىم . گېرمانىيىدە مەن بىر رۇمىنىيىلىك ئىدىم ، لېكىن رۇمىنىيىدە مەن يەنىلا بىر گېرمانىيىلىك ئىدىم . نېمىشقىكىن ، ھەمىشە باشقىلاردىن پەرقلىنىپلا تۇراتتىم . . . . .

مارىكا گرىسېر : ئۆزىڭىزنى ئارتۇقچە ئادەمدەك ھېس قىلىدىكەنسىز . سىزنىڭچە ، بۇ بەك مۇھىممۇ ؟

ھېرتا مىلوي : مۇھىممۇ – ئەمەسمۇ ، بۇنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن . ئەلۋەتتە بۇنداق بولۇشىنى ئۆزۈممۇ خالىمايمەن . گاھىدا بەك ئازابلىنىمەن . كىشى مەلۇم جەھەتلەردە تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشنى خالاپ قالىدىكەن ، لېكىن رېئاللىق شۇنداق بولغاندىكىن ئامال يوقكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كىشى ئۆز ئىرادىسىنى باشقىلارغا مەجبۇرىي تاڭماسلىقى ، ئۇنى مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا تۇتقان ئۆزىگە خاس ئۇسۇلىغا خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك . مېنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسىنى دەپ ئۆزۈمنى بۇرمىلىغىم ياكى ئىنكار قىلغۇم كەلمەيدۇ . گەرچە بۇنداق قىلىشنىڭ ھېچقانداق رولى بولمىسىمۇ .

مارىكا گرىسېر : سىزچە ، يازغۇچى ئەدەبىياتتا . . .  يېزىقچىلىقتا . . . چوقۇم ئەمەلىي بولۇش كېرەكمۇ ؟

ھېرتا مىلوي : شۇنداق . يازغۇچى ئۆزىگە چوقۇم ئەمەلىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەك . مەن يېزىقچىلىق ئارقىلىق سەزگۈ ئەزالىرىم ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن نەرسىلەرنى ھېس قىلىمەن . چۈنكى تىلنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ . يازغۇچى يېزىقچىلىق قىلغاندا ئىزدىنىدۇ ، بۇنداق ئىزدىنىش يازغۇچىنى داۋاملىق يېزىقچىلىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ ، يازغۇچى تامامەن ئوخشىمايدىغان باشقا بىر نۇقتىدىن شەيئىلەرگە مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇنى ھېس قىلىدۇ ، يېزىقچىلىق داۋامىدا ئۆزىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ . يازغۇچى ئەسەر يېزىۋاتقاندا يېزىقچىلىقنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ، يېزىقچىلىقنىڭ چۈمبىلى ئەسەر يېزىلىپ تامام بولغاندىلا ئاندىن قايرىپ تاشلىنىدۇ . ئەسەر يازساملا مەندە بىر خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ ، شۇندىلا بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى بىلىپ تۇرىمەن .

مارىكا گرىسېر : گېرمانلار پۇشتىدىن بولغان بەزى ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى تۈرمىلەرگە قامىلىپتۇ . ئۇلار قارشى ئېلىنمايدىكەن . راسىت شۇنداق ئىش بارمۇ ؟ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇلارنى ھېچكىم ئەسكە ئېلىپ باقماپتۇ .

ھېرتا مىلوي : شۇنداق . ئۇلار «كوللېكتىپ جىنايەت ئۆتكۈزدى» دېگەن نام بىلەن قوغلاپ چىقىرىلىۋېدى ، گېرمانلار پۇشتىدىن بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بۇنىڭغا چېتىلىپ قالدى . ئۇلار گېرمانىيە گۋاردىيە ئەترىتىدە ياكى گېرمانىيە ئارمىيىسىدە ئەسكەر بولغان . ئانتونىسكۇ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رۇمىنىيە بىر فاشىستىك ھۆكۈمەت ئىدى . مېنىڭ نەزىرىمدە كوللېكتىپ جىنايەت دېگىنى تازا ئادىللىق ئەمەس ، چۈنكى قوغلاپ چىقىرىلغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئۇرۇش بىلەن ئالاقىسى يوق . ئۇلار 1945 – يىلى يانۋاردا قوغلاپ چىقىرىلغان ، لېكىن ئۇرۇش 5 – ئايدا ئاخىرلاشقان ، گۋاردىيە ئەترىتىدىكى دادام شۇ چاغدا تېخىچە ئالدىنقى سەپتىن قايتىپ كەلمىگەنىدى . ئۇلار ئاددىي پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلدى ، 17 ياشلىق ئوسكار پاستىيورغا ئوخشاش ياش – ياش بالىلارنى تۇتتى . ئەينى چاغدا ئانتونىسكۇ باشچىلىقىدىكى رۇمىنىيە ھېتلىر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغان فاشىستىك ھۆكۈمەت ئىدى ، بۇ ھۆكۈمەت ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردىلا ئاندىن ئۆز مەيدانىنى ئۆزگەرتتى ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى بىلەن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولدى . بۇمۇ گېرمانلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى ۋە دۆلەت سوتسىيالىزمى بىلەن چېتىشلىقى بولغان جەھەتلەردە ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان ھالغا ئەكەلدى ، چۈنكى رۇمىنىيىلكلەر ۋە ئانتونىسكۇلار سىتالىنگرادتا ئىدى . 1945 – يىلىدىن كېيىن  ، مەسئۇلىيەتنى پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرلا ئۆز ئۈستىگە ئالدى . خورتنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ، ۋىنگىرىيەدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە گېرمانىيىلىكلەر ھېتلىرنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىدى . ئەينى چاغدا رۇمىنىيە پۈتۈنلەي ناتسېسىتلار تەرەپتە تۇراتتى . لېكىن ، تارىخ 1945 – يىلىدىن كېيىن بۇرمىلىنىپ كەتتى . مېنىڭ ئاناممۇ قوغلاپ چىقىرىلىپ ، چەتئەللەردە 5 يىلغا يېقىن سەرگەردان بولۇپ يۈردى . لېكىن مېنىڭ بۇ ئىشلارغا مۇئەييەن بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلغۇم كېلىدۇ . مۇبادا ناتسېسىتلار گېرمانىيىسى شۇقەدەر جىنايى ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلمىغان بولسا ، بىزمۇ سۈر – توقاي قىلىنمىغان بولاتتۇق ، كىشىلەرمۇ ئۇنى قەلبىدە ياد ئېتىپ تۇرغان بولاتتى . بۇ «شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ» دېگەنلىك ئەمەس . لېكىن ، ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ شۇنىڭ ئىچىدىكى جىنايى ھەرىكەتلەرگە ئارىلىشىپ قالغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر .

مارىكا گرىسېر : كىتابلىرىڭىزنىڭ رۇمىنىيە تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىغا قانداق قارايسىز ؟ كىشىلەر ئۇنى قۇبۇل قىلالارمۇ ؟

ھېرتا مىلوي : كىشىلەر ھەرخىل ئىنكاستا بولۇشى مۇمكىن . ئىشقىلىپ ، مېنىڭ كىتابلىرىم قارشى ئېلىنىدۇ . لېكىن ، رۇمىنىيىدە بولسام كىشىلەر مېنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ . چۈنكى ، رۇمىنىيەنىڭ سەلبىي تەرەپلىرى ھەققىدە دەيدىغانلىرىم ھازىرمۇ ناھايىتى جىق ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت . ھوقۇقدارلار قاتلىمى بىلەن ئالاھىدە ئىشلار تارماقلىرى دۆلەتتىكى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى تالان – تاراج قىلىپ بولدى ، ئۇلار يىمىرىلمەس بىر تور بولۇپ شەكىللىنىپ ، تىلىنى بىر قىلىۋالدى . مانا بۇ دەل رۇمىنىيىدە چېرىكلىك يامرىمىغان جاي قالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر . كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى ، رۇمىنىيەنىڭ دېموكراتىيىلىشىشتە ماڭىدىغان يولى تېخى خېلىلا ئۇزۇن .

مارىكا گرىسېر : ئانا تىلىڭىز گېرمان تىلى ئىكەن . لېكىن رۇمىنىيىدىمۇ تەسىرىڭىز چوڭ ئىكەن . سىزدىكى شۇ قەدەر جەلىپكارلىق نەدىن كەلگەن ؟

ھېرتا مىلوي : گېرمان تىلى مېنىڭ ئانا تىلىم . رۇمىنىيە تىلىنى ناھايىتى كېچىكىپ ئۆگەندىم . رۇمىنىيە تىلى ناھايىتى يېقىملىق ، شېئىرىي تۇيغۇغا باي چىرايلىق تىل . بەلكىم بۇ تىلنى كېچىكىپ ئۆگەنگىنىم ناھايىتى ياخشى بولغاندۇ . مۇشۇ تىلنى ئۆگەنگەندىن باشلاپ مەن يەنە بىر جۈپ كۆزگە ئىگە بولدۇم : رۇمىنىيە تىلىنىڭ تەسەۋۋۇرغا نەقەدەر باي تىل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم ! سىز كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ، خۇراپاتلىق پائالىيەتلىرىدە ۋە ئۆسۈملۈك ناملىرىدا ئىشلەتكەن ياپتا گەپلىرىنىڭ قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز . مانا بۇ – ئاتالمىش شەيئىلەرگە ئوخشىمىغان نەزەردە قاراش دېگەنلىك بولىدۇ . تىلنىڭمۇ ئوخشىمايدىغان كۆزى بولىدۇ . رۇمىنىيە تىلى يېزىقچىلىق قىلغانلىرىمدا ھەمىشە ماڭا ھەمراھ بولىدۇ ، شۇ تىلدا ئەسەر يازمىغان چېغىمدىمۇ خىيالىمدىن نېرى بولمايدۇ . چۈنكى ئۇ مېنىڭ روھىم ، تىنىقىم بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن . بۇ ئىككى تىلنى مېنىڭ ئىككى قانىتىم دېسەممۇ بولىدۇ . گاھىدا ئەسەر يازغاندىكى كۆزىتىش نۇقتامنىڭ قايسى تىلىدىن كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلەلمەي قالىمەن .

مارىكا گرىسېر : ئەسىرىڭىزدىن بىرنى تەۋسىيە قىلىش توغرا كەلسە ، بىرىنچى بولۇپ قايسى ئەسىرىڭىزنى تەۋسىيە قىلغان بولاتتىڭىز ؟

ھېرتا مىلوي : بىلمەيمەن . گېرمان تىلىدىكى كىتابلىرىمنى دېسىڭىز ، ئەلۋەتتە ئاخىرقى كىتابىم «نەپەسلىنىش ماياتنىكى» نى تەۋسىيە قىلىمەن . يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرىگە پىسىخىك جەھەتتىن بەكرەك يېقىن تۇرىدۇ .

مارىكا گرىسېر : بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ سېتىلىشىنىڭ قالتىس بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل . بۇ ھەقتە سىزنىڭ ئويىڭىز قانداق ؟

ھېرتا مىلوي : نېمە دېسەم بولار ؟ مەن باشقا بىر ئادەم بولۇپ قالمايمەن ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە يېزىقچىلىق بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق . مەن شۇ تاپتا بەك خۇشال ، لېكىن ئەمەلىيرەك بولمىسام بولمايدۇ . شۇڭا بۇ خوشلۇقۇمنى ھازىرچە نېرى قويۇپ تۇرىمەن ، نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كېيىن ئوبدان ھوزۇرلىنىۋالىمەن . كۆڭلۈمگە ئايان ، شۇ تاپتا بۇ خوشلۇقۇم ھۇجرامغا مەندىن بۇرۇن كىرىپ بولدى . لېكىن بۇنىڭغا تېخىچە ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ .

مارىكا گرىسېر : مىلوي خانىم ، سىزگە كۆپ رەھمەت ! سىزنى يەنە بىر قېتىم قۇتلايمەن !

ھېرتا مىلوي : سىزگىمۇ رەھمەت ، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن !

«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010 – يىللىق 2 – سانىدىن ئېلىندى

]]>
?feed=rss2&p=10875 0
2011- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى توماس ترانستروم بىلەن سۆھبەت (2) ?p=10652 ?p=10652#respond Thu, 14 Jun 2012 04:35:04 +0000 ?p=10652 2011- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى شائىر توماس ترانستروم بىلەن سۆھبەت (2)

تېپىشماق ئايدىڭلاشسۇن

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

سۇئال: بۇرۇن شېئىرلىرىڭىزدا تۇيغۇلىرىڭىزنى بەك ئاشكارا ئىپادىلەپتىكەنسىز، ھازىرقى شېئىرلىرىڭىزدا شۇ چاغدىكى ئۇسلۇبىڭىز پات- پات ئىپادىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

جاۋاب: بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم: كونىلىق بىلەن يېڭىلىق ئارىسىدا يېڭىچە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق قېلىپلىشىپ كەتكەن كۆز قاراشنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئىدى. مېنىڭچە، شەيئىلەرگە تارىخىي نەزەردە قاراش بەك مۇھىم، بۇنداق بولغاندا ئادەم ۋاقىت جەھەتتىكى چىقىش نۇقتىسىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ھەرگىزمۇ كۆز ئالدىدىكى ۋاقىتقىلا تىكىلىۋالمايدۇ.

سۇئال: شېئىرلىرىڭىز ھەمىشە مۇئەييەن بىر ئوبيېكىتتىن باشلىنىدىكەن.

جاۋاب: شېئىرلىرىمنى مۇئەييەن بىر ئوبيېكىت ياكى ھالەتتىن باشلايمەن، يەنى شېئىرلىرىم ئۈچۈن بىر «ئۇل» قۇرۇپ چىقىمەن. بۇمۇ مېنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىمدىكى ئالاھىدە بىر تەرەپ. شېئىر گاھىدا ئېنىق بىر ئوبرازدىن تۇغۇلىدۇ. ئوبراز مۇرەككەپ بىر ھالەتنىڭ تاۋلىنىشى، ئۇ شۇ ھالەتنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ دەسلەپتە يازغان شېئىرلىرىمدا ناھايىتى جىق ئوبرازلار بار.

سۇئال: مۇنداق بىر سۇئالنى سوراپ باقاي: شېئىر يېزىش ئارقىلىق بىرەر مەقسەتكە يەتمەكچى بولامسىز؟

جاۋاب: بۇ سۇئالغا ئېنىق بىر جاۋابنى بەرگىلى بولمايدۇ. مۇنداق دېسەممۇ بولىدۇ: ھايات مەن ئۈچۈن بىر تېپىشماق، مەن مۇشۇ تېپىشماقنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى. مەن ئاشۇ رېئاللىقنى، ئۆزۈم ھېس قىلغان، تولىمۇ سىرلىق تۇيۇلىدىغان ئاشۇ ھاياتنى ئېنىق بىر شەكىلدە تەسۋىرلەپ بەرسەمكەن دەيمەن.

سۇئال: دەسلەپتە يازغان شېئىرلىرىڭىزغا ئىسىمىڭىزنى يازمىغانىدىڭىز. كېيىن «مەن» ئاپتورلۇقىدىكى شېئىرلىرىڭىز بارغانسېرى كۆپەيگىلى تۇردى.

جاۋاب: شۇنداق. مەسىلەن، تۇنجى كىتابىمدا ۋۇجۇدۇمدىكى ياۋزۇلۇقنى «ئىمزاسىز» ھالەتتە ئاشكارىلاشقا مەجبۇر ئىدىم، شېئىر ئاپتورىنى ئاشكارىلىمىسام، ئوقۇغانلار كىمنىڭ يازغانلىقىنى بىلەلمەيتتى. كېيىن بۇ ئويۇمدىن ۋاز كەچتىم. شېئىرنى ئۆزۈم يازغانلىقىمنى مەخپىي تۇتۇۋېرشىكە ئامالسىز قالدىم.

سۇئال: ساياھەتكە جىق چىقىدىكەنسىز، بۇ شېئىرلىرىڭىزدىمۇ جىق ئەكىس ئېتىدىكەن. قىلغان ساياھەتلىرىڭىز شېئىر يېزىشىڭىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

جاۋاب: 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ساياھەتكە چىقىشقا باشلىدىم. شەرق دۆلەتلىرىگە، شەرقىي ياۋروپاغا، ئافرىقىغا باردىم. دائىم ئۆزۈم يالغۇز ساياھەت قىلىمەن. شۇ ساياھەتلەر داۋامىدا ئۆز ئوبرازىمنى ئىزدىدىم، چوڭقۇر تەسىراتلارغىمۇ ئېرىشتىم، سەپەر جەريانىدا ئېرىشكەن شۇ تەسىراتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى «سەپەر مەخپىيەتلىكلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىمدا ئەكىس ئەتتۈردۈم.

سۇئال: پىسخىك دوختۇرلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەنسىز. بۇ سىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

جاۋاب: نۇرغۇن نەرسىلەردىن دېرەك بېرىدۇ. ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن كۈندە ئالاقە قىلىپ تۇرىمەن. بۇ مېنىڭ تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشىمغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنى دەماللىققا ھېس قىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. «ئاۋاز تۈسى ۋە ئاياغ ئىزى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىمدا روكىستۇناغا ئىشلىگەن پىسخىك خىزمىتىمنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈردۈم دېسەممۇ بولىدۇ. «غۇۋا كۆرۈش سەزگۈم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىمنىمۇ «كېچىلىك ئىسمېنا» ناملىق شېئىر بىلەن باشلىغانمەن.

سۇئال: بەزىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپسىز. مەسىلەن، يۇڭ خوكانسىن سىزنى «دىنغا بولغان ھۆرمىتىنى شېئىرلىرىدىكى تۇتۇقلۇق ئارىسىغا سىڭدۈرۈۋېتىدۇ» دەپتىكەن. ئۇنىڭ مۇشۇ گېپى توغرىمۇ؟

جاۋاب: بۇ، كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ توغرا بولۇشى مۇمكىن. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۆزۈمنى مىستىتىزمچى دېسەممۇ بولىدۇ. لېكىن ئېتىقادقا بولغان كۆز قارىشىم بەك تۇتۇق.

سۇئال: 60- يىللار نۇرغۇن يازغۇچىلارنى بەكلا سىياسىيىلاشتۇرۇۋېتىپتىكەن. شۇ يىللاردا يازغان شېئىرلىرىڭىزدا بۇنداق ئۆزگىرىش ئانچە زور ئەمەسكەن، لېكىن شېئىرلىرىڭىز سىياسىي مەيدانى يوق دەپ تەنقىد قىلىنىدىكەن.

جاۋاب: شېئىرلىرىمدا چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە كۈچەيمەن. ئۆزۈمگە كونكرېت تۇيۇلغان، ئۆزۈم ھېس قىلغان نەرسىلىرىمنى سىياسىي ئەندىزىنىڭ ئالدىغا قويۇشۇم مۇمكىن، سىياسىي ئەندىزە ياكى لايىھە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى خىزمەت جەريانىدا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە تولا ئۇچراپ تۇرىمەن. شۇڭا مەندە ئازراقمۇ «ناچار ئۆزۈمچىلىك» ئىپادىسى كۆرۈلمەيدۇ.

سۇئال: شېئىرلىرىڭىزدا ئىپادىلەنگەن مۇزىكىلىق تۇيغۇ ھەققىدە جىق مۇنازىرىلەر بولۇندى. مۇزىكا ئىلھام مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

جاۋاب: مەن ئۈچۈن مۇزىكىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. مۇزىكا ماڭا كۈچلۈك ھېس- تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. مۇزىكىسىز ياشىيالمايمەن. ئەكسىچە ئېيتسام، مۇزىكىلىق شەكىلنى دوگمىلارچە شېئىرغا ئايلاندۇرۇۋېتىشنى قۇۋۋەتلىمەيمەن. مۇزىكا ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ ئاللىقاچان تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتتى. شېئىرلىرىمدا ھەمىشە سىمفونىيەلىك تۇيغۇ ئىپادىلىنىپ تۇرۇشى مۇمكىن. مۇزىكا بىلەن شېئىرنىڭ ئورتاقلىقى بار، ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭ ھەم باشلىنىش ھەم ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولىدۇ. بۇ ئوبراز سەنئىتى بىلەن ئوخشىمايدۇ.

سۇئال: يېقىندا نەشردىن چىققان «بالتىق دېڭىزى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىڭىز نەچچە بۆلەك داستانغا بۆلۈنگەن ئىكەن. سىز مۇشۇ شېئىرلىرىڭىز ئارقىلىق نېمىنى ئىپادىلىمەكچى بولدىڭىز؟

جاۋاب: بالتىق دېڭىزىنى ئوراپ تۇرغان، ھازىر بار بولغان ھەم بۇرۇن مەۋجۇت بولغان بىئولوگىيەلىك ھاياتلىق ئارقىلىق بالتىق دېڭىزىنى تەسۋىرلىمەكچى بولدۇم، 1970- يىلى بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا بارغان چېغىمدىكى تۇيغۇلىرىمنى يېڭى ھېس قىلغان شەخسىي تەجرىبىلىرىمنىڭ ئۈستىگە دەسسەتمەكچى بولدۇم. ۋۇجۇدۇمدا ئېقىۋاتقىنى ئاراللاردا ياشايدىغان دېڭىز خەلقلىرىنىڭ قېنى بولغاچقا شۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىمۇ ئانچە- مۇنچە ئەكىس ئەتتۈردۈم.

بۇ سۆھبەت «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان

]]>
?feed=rss2&p=10652 0
2011- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى توماس ترانستروم بىلەن سۆھبەت (1) ?p=10647 ?p=10647#respond Mon, 11 Jun 2012 03:50:57 +0000 ?p=10647 بىر پارچە شېئىر بىر چۈش دېمەكتۇر

 

ۋاڭ خۇا

 

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

«شېئىر مەن ئۈچۈن ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشۈمدۇر. چۈش بىلەن شېئىر بىر ئادەمنىڭ ئوخشاش بىر قىسىمىدىن كېلىدۇ، قىسمەن ھاللاردا ئوخشاش بىر قانۇنىيەتكە بويسۇنىدۇ.» توماس ترانستروم شېئىر ئىجادىيىتىنى ئەنە شۇنداق تەرىپلەيدۇ. ئۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە شېئىرىي سەنئەتنى نامايان قىلغىنى ئۈچۈن ئەدەبىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تارقاتقان 50 مىڭ كرون كاتتا مۇكاپاتقا نائىل بولدى. ئۇ پىسخىك دوختۇرلۇقى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. قالغان ۋاقتى يېزىقچىلىق، پىيانىنو چېلىش ۋە كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتىدۇ. ئۇ ئۆزىنى بەك جىق يازغۇچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دەپ قارايدۇ، ئەيكروف، توماس ئىللىيوت، پاستىرناك، ئەيرۇيا، دىران توماس قاتارلىقلاردىن باشقا يازغۇچىلارنىڭ ئىسىمىنىمۇ ساناپ بېرەلمەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرى شېئىردىن باشقا ئاممىۋى ئىلىم- پەن، تارىخ، بىيوگىرافىيە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

 

سۇئال: سىز ھازىر نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش، بىرەر نەرسە يېزىۋاتامسىز؟

جاۋاب: كەلگۈسىدە بىرەر نەتىجە چىقىپ قالىدىغاندەك ئاللىقانداق ئىشلار بىلەن ئالدىراشلا يۈرىمەن. لېكىن ئىشلىرىمنىڭ يۈرۈشۈشى بەكلا ئاستا.

سۇئال: شېئىر قانداق يېزىلىدۇ، شېئىر يېزىشتىكى ئىلھام نەدىن كېلىدۇ؟

جاۋاب: ئىلھام ھەرخىل شەكىلدە كېلىدۇ. قاتتىق ھاياجاننىڭ شېئىر بولۇپ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئادەتتە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. چۈنكى قىلىدىغان خىزمىتىم بار بولغاچقا دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ئۇنچە جىق ۋاقىت چىقمايدۇ.

سۇئال: شېئىرنىمۇ بىر خىل پىسىخىك داۋا ئورنىدا كۆرەمسىز؟

جاۋاب: شېئىر مېنىڭ سەنئەت تۈسىگە ئىگە بەزى نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىشىمدىكى بىر ئېھتىياج. ئىجادىيىتىم بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە تازا قانائەت ھاسىل قىلالمايمەن.

سۇئال: يېزىقچىلىق ئارقىلىق بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىشنى كۆزلەمسىز؟

جاۋاب: مەندە بۇنداق ھالەت كۆرۈلۈپ باقمىدى. ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنىڭ ئۆزىلا بىر مەسىلە. كۈزدە شېئىر ئىجادىيىتىدە زورۇقۇپ قالغان چاغلىرىمدا ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى خېلمو رۇنگرىن بىلەن بىرلىكتە «شېئىرلار» نى تەرجىمە قىلىشقا باشلايمىز. ئۇ تىلغا پىششىق بولغاچقا تەرجىمىسىنى ئىشلەيدۇ، مەن تەرجىمىسى پۈتكەن قىسىمىغا شېئىرىي شەكىل ئاتا قىلىشقا مەسئۇل بولىمەن.

سۇئال:  شېئىرلىرىڭىزدىن مۇزىكا بىلەن بولغان بىر خىل روشەن باغلىنىشنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. سىز ئاڭلىغان شۇ مۇزىكا بىلەن بەزى شېئىرلىرىڭىزدىن ھېس قىلغىلى بولىدىغان مۇزىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

جاۋاب: دەسلەپكى مەزگىللەردە يازغان شېئىرلىرىمغا بىردىن مۇزىكا ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. لېكىن شېئىرلىرىمنىڭ نوتا ئىشلەنگەنلىرى تولىمۇ ئاز.

مۇزىكىلىق تىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغىنىم بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى شەكىللىك تىلنىڭ تەسىرىگە ئۇنچە بەك ئۇچراپ كەتمەيمەن. شەكىل تۇيغۇسى ئاۋازنىڭ تەدرىجىي كۈچىيىشىگە تەرەققىي قىلىدۇ. شېئىر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشۈش جەريانىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ . . . يۈزەكى نۇقتىدىن ئېيتسام، شېئىرلىرىم رەسساملىق بىلەن بىر تۇغقان. مەن رەسىم سىزىشقا، بولۇپمۇ سۇ بوياق رەسىملەرنى سىزىشقا ئامراق، ياش ۋاقتىمدىلا رەسىم سىزىشقا كىرىشكەنمەن.

ئىستېدات جەھەتتە ئۇنچە كارامىتىممۇ يوق. ئۆزۈم قىزىقىدىغان، ماڭا تەسىر قىلالىغان نەرسىلەر ئۈستىدىلا سۆز ئاچىمەن. ئىشتىن سىرىتقى ئىشلارنى قىلىش ماڭا بەك ھۇزۇر بىلىنىدۇ، بىر ئىشنىڭ ئەھلىگە ئايلانغان چېغىڭىزدا بەكلا قۇسۇرچى بولۇپ كېتىسىز. شېئىرىيەت جەھەتتە مېنى كەسپ ئەھلى دېيىشكە بولىدۇ، شۇڭا مەن قۇسۇر تېپىشقا ئامراق، خاتالىقلارنى، قىيىنچىلىقلارنى، مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئاسانلا بايقىۋالىمەن. مۇزىكا جەھەتتىمۇ شۇنداق، بۇ جەھەتتە ئۆزۈمنى كەسپ ئەھلى ھېسابلىساممۇ بولىدۇ.

سۇئال: كىشىلەر سىزنى زىيالىي شائىر دەپ قارايدىكەن.

جاۋاب: شېئىرلىرىم جىق كىشىلەرگە بىمەنە تۇيۇلىدۇ. شېئىر ئادەمنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ، ئۇنى چۈش بىلەن بىر تۇغقان دېيىشكە بولىدۇ. چۈشنى ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلگۈدەك ھالەتتە تاۋلاپ چىقىش ئوڭاي ئەمەس. شېئىر ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق تەسۋىرلەپ قويسا بولىدىغان نەرسە ئەمەس.

بىر پارچە شېئىر بىر چۈش دېمەكتۇر. چۈش بىلەن شېئىر ئادەمنىڭ ئوخشاش بىر قىسىمىدىن كېلىدۇ. ئۇلار قىسمەن ھاللاردا ئوخشاش بىر قانۇنىيەتكە بويسۇنىدۇ. تىرانىستروم بىلەن شېئىر ھەققىدە پاراڭلىشىش كىشىنى ئاجايىپ جەلپ قىلىدۇ.

بۇ سۆھبەت «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان

]]>
?feed=rss2&p=10647 0
ۋارگاس لوسا بىلەن ئىككى قېتىملىق سۆھبەت (2) ?p=10644 ?p=10644#respond Fri, 08 Jun 2012 04:04:23 +0000 ?p=10644 ئارزۇيۇم ـــ مۇھەببەت، ھەرگىزمۇ نوبېل

مۇكاپاتى ئەمەس

مو مو

 ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

ئىسپانىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان يازغۇچى مارىيو ۋارگاس لوسا ـــ لاتىن ئامېرىكىسى «پارتلىما ئەدەبىياتى» نىڭ سەركەردىلىرىنىڭ بىرى. ھەر يىلى 10- ئايدىكى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلان قىلىنىش ھارپىسىدا كىشىلەرنىڭ نەزەرى كۆپ يىللاردىن بېرى «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتى» بولۇپ كېلىۋاتقان لوساغا مەركەزلىشىدۇ. لېكىن، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ئۇنىڭدىن: «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشسەم بولاتتى دەپ ئارزۇ قىلامسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «ياق. مېنىڭ تېخىمۇ بەكرەك ئارزۇلايدىغىنىم ـــ مۇھەببەت. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى چۈشىنى كۆرمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

مۇھەببەت ھېكايىسى جاھاننى زىلزىلىگە سېلىپ،

ئۆرپ- ئادەتنى پايخان قىلىدۇ

 

لوسا ـــ سەمىمىي، ۋىجدانلىق يازغۇچى. ئۇ بۇرۇن دونكىخوتنىڭ چاقپەلەك بىلەن ئېلىشقىنىدەك جاسارەت بىلەن پىرۇنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان؛ «شەھەر ۋە ئىت»، «يېشىل ئۆي»، «ئۆچكىگە بايرام» قاتارلىق زور مىقداردىكى ئەسەرلىرى بىلەن پىرۇ ۋە لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ رەھىمسىز رېئاللىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئەمىسە ئۇ نېمىشقا: «مېنىڭ تېخىمۇ بەكرەك ئارزۇلايدىغىنىم ـــ مۇھەببەت» دەيدۇ؟ ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى ئاساسى مۇنداق: «بۇ دۇنيا ئىپلاسلىق، پاسكىنىچىلىق بىلەن تولغان. شۇڭا يېڭى بىر دۇنيا ھەققىدە ئويلىنىشقا، تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئېھتىياجلىقمىز. لېكىن، بىز تەسەۋۋۇر قىلماقچى بولغان يېڭى دۇنيانىڭ نېگىزى دەل مۇھەببەتتۇر.»

لوسانىڭ مۇھەببەت رومانلىرىنىڭ مەزمۇنى ھەمىشە كىشىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ. ئالايلۇق، «خۇلىيا ھاممام ۋە يازغۇچى» دېگەن ئەسىرىدە 18 ياشلىق بىر يىگىتنىڭ ھاممىسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلىقىدەك ۋەقەلىك بايان قىلىنغان؛ «ئۆگەي ئانىغا مەدھىيە» ناملىق ئەسىرىدە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆگەي ئانىسى بىلەن ئىچپەش تارتىشىپ قالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن؛ «مۇھەببەت خاتىرىلىرى» ـــ «ئۆگەي ئانىغا مەدھىيە» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامى بولۇپ، ئەسەردە بالىنىڭ بىر ئاماللارنى قىلىپ دادىسى بىلەن ئۆگەي ئانىسىنى ياراشتۇرۇپ قويغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

بۇ ھەقتە پىرۇ پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدېرى لۇيىس بۇستامەنتې بىراۋېنت «ۋارگاس لوسانىڭ ھەرىكەتچان تۇرمۇشى» دېگەن كىتابىدا: «لوسا ھەركۈنى تۈرلۈك ئېزىقتۇرۇشلارغا زەربە بېرىپ ياشايدۇ»، «ئۇنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى ھەمىشە ئېقىنغا قارشى دولقۇن يېرىپ ماڭالايدۇ» دېگەنىدى. بۇ ـــ لوساغا بېرىلگەن ناھايىتى توغرا باھا. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەيلى ئىجادىيەت ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، لوسا ھەرۋاقىت ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ ماڭدى. ھەتتا ئۇنىڭ مۇھەببەت ئىشىمۇ دۇنيانى تاڭ قالدۇرۇپ، ئۆرپ- ئادەتنى پايخان قىلدى.

ھاممىسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلدى

    «خۇلىيا ھامما ۋە يازغۇچى» ناملىق رومانىدا تۇقۇلما تەركىبلەر جىق بولسىمۇ، لېكىن خۇلىيا ھامما ھەقىقەتەن مەۋجۇت. ئۇ ـــ لوسانىڭ چوڭ تاغىسى لۇچۇنىڭ قېينى سىڭلىسى، لوسانىڭ ئاپىسىنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، لوسادىن 10 نەچچە ياش چوڭ ئىدى. بۇ ئايال ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، 20 يېشىدىلا بولىۋىيەلىك بىر قورۇق خوجايىنىغا ياتلىق بولغان؛ تۇغماس بولغاچقا، ئېرى ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن.

1954- يىلى 18 ياشلىق كېلىشكەن يىگىت لوسا پىرۇنىڭ پايتەختى لىمادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئەدەبىيات ۋە قانۇن كەسپىدە ئوقۇۋاتاتتى، خۇلىيا ھاممىسى دەل مۇشۇ چاغدا بولىۋىيەدىن لىماغا دەم ئالغىلى كېلىپ، ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئۆيىدە تۇردى. خۇلىيا ھاممىسىنىڭ لاتاپىتى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى. تاغىسىنىڭ ئايالى سىڭلىسىنى قوغداش ئۈچۈن سىڭلىسىنى قوغلىشىۋاتقان ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۇنى كەچتە ئايلىنىپ كېلىشكە ياكى كىنو كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا خۇلىيا «شاكىچىك» لوسانى كىنو كۆرۈشكە، بىللە ئايلىنىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا بارا- بار ھېسسىيات شەكىللەندى.

خۇلىيا ھاممىنىڭ جەلپكارلىقىغا تاقابىل تۇرۇپ بولغىلى بولمايتتى، لوسا ھاممىسىنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرۈپ قالدى؛ خۇلىيامۇ لوسانى ياخشى كۆرۈپ قالدى. چۈنكى لوسا بىلەن بىللە يۈرۈپ ئۇ ئۆزىنى كىچىك قىزلاردەكلا ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. لېكىن، ئۇنى بىر خىل گۇناھ تۇيغۇسى توختىماي قىينايتتى. ئۇ لوساغا: «مەن ئۇزۇن ئويلاندىم، ئىككىمىز تولىمۇ بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتۇق. سىز ئەمدى 18 ياشقا كىردىڭىز، مەن بولسام 32 ياشقا كىرگەن، بىر ئەردىن چىققان ئايالمەن» دېدى.

لوسا: «ياش پەرقى دېگەن ئۇنچە قورقۇنچلۇق نەرسە ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى بىر- بىرىنى ياخشى كۆرۈش» دەپ ئۇنى قايىل قىلدى.

خۇلىيا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى بىلىدىغان زېرەك، چېچەن ئايال ئىدى. ئۇ لوساغا: «ئەگەر سىز مەن بىلەن 5 يىل بىللە ياشاشقا كاپالەتلىك قىلالىسىڭىز، ئاشۇ 5 يىل ئىچىدە مەندىن باشقىغا كۆڭۈل بەرمىسىڭىز، مەن شۇنىڭغا رازى. 5 يىل شاد- خۇراملىق ئىلىكىدە ياشاش مەن ئۈچۈن ئەرزىيدۇ» دېدى. ئۇلار ئەڭ ئاخىرى ئۆرپ- ئادەتنىڭ توسقۇنلۇقى ۋە مۇتەئەسسىپ ئاتا- ئانىسىنىڭ پوپوزىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە دادىللىق بىلەن يۈزلەندى.

 

ئايالى بىلەن بىللە ياۋروپاغا بېرىپ

بىراقلا داڭ چىقاردى

لوسا: «پىرۇدەك بۇنداق بېكىك، قالاق جايدىن باش ئېلىپ چىقىپ كەتمىسەم، نەزەر دائىرەم كېڭەيمەيدۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنالمەيمەن» دەپ قارايتتى. خۇلىيا ئېرىنىڭ كۆز قارىشىنى قۇۋۋەتلىدى، ئېرىنىڭ يازغۇچى بولۇشىنى قوللىدى، ياۋروپاغا بېرىپ ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئېرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش، تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋە ئەسەر يېزىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

2004- يىلى لوسا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خۇلىيا ھاممىسىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇ ئەزەلدىن ئەدەبىياتقا بولغان قىزغىنلىقىمغا سوغۇق سۇ سەپمىدى، ئەكسىچە ماڭا جىق ياردەملەرنى بەردى» دېدى. 1959- يىلى لوسا مادرىدتا ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى، 1960- يىلى خۇلىيا بىلەن بىللە پارىژغا باردى. دەسلىپىدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى قىينچىلىق ئىچىدە ئۆتتى، خۇلىيا يولدىشىغا قاراپ تۇرماي، بىر كىتابخانىدىن ئىش تېپىپ تىرىكچىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. پارىژدا لوسا تۇنجى رومانى «شەھەر ۋە ئىت» نى ئىجاد قىلدى. رومان 1962- يىلى پۈتۈپ نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئىسپان تىلى دۇنياسىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتتى، شۇ يىلىلا ئىسپانىيەنىڭ «ئىخچام مەجمۇئەلەر» ناملىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

لوسانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇرۇنلا: «ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدىكى ياش پەرقى بارغانسېرى چوڭىيىدۇ. لوسا بىلەن خۇلىيانىڭ رومانتىك مۇناسىۋىتىمۇ ئاستا- ئاستا ئاخىرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوي- خىياللىرى بەكلا بىمەنە. خۇلىيا ئېرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن لوسا دېگەن ھېسسياتقا باي يازغۇچى. لېكىن، ئۇنىڭ ھېسسىياتلىرى خۇلىيا بىلەن بىر مەزگىل بىللە ياشىغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا غايىپ بولىدۇ. بولۇپمۇ مەسئۇلىيەت بىلەن بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ ئارىسىدا ئۆي تۇتۇپ قۇللۇققا چۈشۈپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ» دەپ پەەرز قىلغانىدى.

كېيىن، خۇلىيا لوسانىڭ مېكسىكىلىق ياش بىر قىز بىلەن ئىچپەش تارتىشىپ يۈرگەنلىكىنى سېزىپ قېلىپ غوۋغا كۆتۈرىدۇ. لوسا نۇمۇس كۈچىدە خۇلىيانى بىر شاپىلاق سالىدۇ. بۇنىڭدىن چەكسىز ئۈمىدسىزلىككە چۈشكەن خۇلىيا ئۇيقۇ دورىسى ئىچىۋالىدۇ. بەختىگە يارىشا لوسا دوستلىرى بىلەن ۋاقتىدا كېلىپ قالىدۇ- دە، بىر تىراگېدىيەنىڭ ئالدى ئېلىنىپ قالىدۇ.

ھاممىسى بىلەن ئاجرىشىپ، يەنە نەۋرە

سىڭلىسىنى ئەمرىگە ئالدى

1962- يىلى، لوسانىڭ ئىككى نەۋرە سىڭلىسى ـــ چوڭ تاغىسى رۇچونىڭ قىزى، يەنى خۇلىيانىڭ جيەن قىزى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ پارىژغا ئوقۇشقا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۆتەيلەن بىللە تۇرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، خۇلىيا لوسانىڭ 15 ياشلىق نەۋرە سىڭلىسى پاترىشىيا بىلەن دائىم قاش- كۆز ئوينىتىشىپ يۈرگەنلىكىنى سېزىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق ئاچچىقى كېلىدۇ. لېكىن، لوسا ئۇنى «يوقىلاڭ خىياللاردا بولما» دەپ تۇرۇۋالىدۇ.

بىر كۈنى، ئىجارىكەش ئايال خۇلىياغا لوسا بىلەن پاترىشىيانىڭ كېچىلىرى بىنانىڭ ئالدىدا دائىم سۆيۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويىدۇ. كېيىن، پاترىشىيا خۇلىياغا ئۆزى بىۋاستە خەت يېزىپ: «مارىيو ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئاشۇنداق مۇناسىۋەت بار» دەيدۇ.

1964- يىلى لوسا «يېشىل ئۆي» دېگەن رومانىنىڭ دەسلەپكى ئورىگنالىنى پۈتتۈرىدۇ ۋە پىرۇغا خام ماتېرىيال يىغقىلى بارماقچى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ رىماغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئايالىغا: «راست دەيسەن، مەن پاترىشىيانى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. بىلىمەن، بۇ سەن ئۈچۈن ئۇنچە يېڭى خەۋەرمۇ ئەمەس. مەيلى قانداق ۋاستە قوللانمىغىن، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنى توسۇپ قالالمايسەن. سەندىن بىردىنبىر تەلەپ قىلىدىغىنىم ـــ ئاللىبۇرۇن سولغان بۇ نىكاھىمىزدىن ۋاز كەچكىن» دەپ خەت يازىدۇ. لوسا ئۆزىنىڭ پاترىشىياغا «باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى» نى تەن ئېلىپ: «ھېسسىياتىمنى كونترول قىلىش جەھەتتە مەن يەنىلا 15 ياشلىق بالا» دەيدۇ.

خۇلىيا ئاجرىشىشقا قوشۇلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ لوسا بىلەن بولغان نىكاھى ئاللىقاچان «5 يىل شاد- خۇرام ياشىسام بولدى» دېگەن ئارزۇسىدىن ھالقىپ كەتكەنىدى. شۇڭا لوسانىڭ پاترىشىيا بىلەن توي قىلىشى ھېچقانداق ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىمايدۇ. بولىۋىيەنىڭ تۇغۇت كېنىشكىسىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاندا خۇلىيا يەنە ياردەم قولىنى سۇنىدۇ ھەمدە ئۇ ئىككىسىگە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرىدۇ.

«خۇلىيا ھاممام ۋە يازغۇچى» ـــ لوسانىڭ بەشىنچى رومانى بولۇپ، ئاساسلىق ۋەقەلىكى لوسانىڭ خۇلىيا بىلەن بولغان مۇھەببەت، نىكاھ ئەمەلىيىتىدىن كەلگەن، لېكىن زور مىقداردا تۇقۇلما ئارىلاشتۇرۇلغان. بۇ رومان 1977- يىلى ئىسپانىيەدە نەشر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تېلېۋېزىيە تىياتىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن.

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغانلىقىدىن قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن خۇلىيا: «مەن لوسانىڭ ئۆتمۈشتىكى جىمى ئىشلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا چاكىنىلاشتۇرۇلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى توغرىلايمەن» دېدى ۋە «ۋارگاس لوسا دېمىگەن گەپلەر» ناملىق بىر كىتاب يېزىپ چىقتى.

(خەنزۇچە «ئەدەبىيات تۆرىدىكى 22 كاتتا يازغۇچى بىلەن سۆھبەت» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى)

 بۇ سۆھبەت «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان


]]>
?feed=rss2&p=10644 0
ۋارگاس لوسا بىلەن ئىككى قېتىملىق سۆھبەت (1) ?p=10640 ?p=10640#respond Wed, 06 Jun 2012 02:50:33 +0000 ?p=10640 يېزىقچىلىقنى مەڭگۈ تاشلىمايمەن

ـــ ۋارگاس لوسا بىلەن ئىككى قېتىملىق سۆھبەت

جاۋ دېمىڭ

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

مارىيو ۋارگاس لوسا (Mario Vargas Lisa,1936-) پىرۇلۇق يازغۇچى، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى «پارتلىما ئەدەبىيات» نىڭ سەركەردىلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى بەكلا كەڭ بولۇپ، رېئالىزملىق پروزا ئىجادىيىتى ئىسلاھاتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئەسەرلىرى قۇرۇلما جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا، ئادەتتە ئۇ قۇرۇلمچىلىق رېئالىستىك يازغۇچى دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ يالغۇز ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ماھىر بولۇپلا قالماي، يەنە سىياسىي ئىرادىسىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. 1990- يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە مەغلۇپ بولۇش ئۇنىڭغا بەكلا ئېغىر كەلگەچكە، 1993- يىلىدىن باشلاپ ئىسپانىيەگە كۆچمەن بولغان ۋە شۇ دۆلەتنىڭ گىراژدانلىقىغا (قوش دۆلەت گىراژدانى) ئۆتكەن. ئۇ ئادەتتە لوندوندا تۇرىدۇ. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «شەھەر ۋە ئىت»، «يېشىل ئۆي»، «قاۋاقتىكى تۈگىمەس پاراڭ»، «خۇلىيا ھاممام ۋە يازغۇچى»، «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» قاتارلىقلار بار.

ئۇزۇن يىللىق زىيارەت نىشانىم بولغان مارىيو ۋارگاس لوسا بىلەن ئۇ 90- يىللاردا ئېلىمىزنى زىيارەت قىلغاندا (1994- يىل 12- ئىيۇل) تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشتۈم. ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن كۈنى ھېلىمۇ شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە، چۈنكى ئۇ كۈنى مېنىڭ چوڭ ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ شاھ ئوردىسى مېھمانخانىسىدا كۆرۈشتۈم. تازا پۇخادىن چىقمىدۇقمۇ قانداق، كېلەر يىلى يەنە سۆھبەتلىشىشكە كېلىشتۇق. 1995- يىلى ئۆكتەبىردە مۇرسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان «ۋارگاس لوسا ئەسەرلىرى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى» قاتنىشىش ئۈچۈن ئىسپانىيەگە باردىم. تەلىيىمگە، لوسا بىلەن بىر مېھمانخانىغا چۈشكەن ئىكەنمەن. شۇنىڭ بىلەن بىز جۇڭگۇدا چالا قالغان سۆھبىتىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇردۇق؛ ئىككى قېتىم ناشتا ۋاقتىدا، بىر قېتىم چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا پاراڭلاشتۇق.

1. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى مەسىلىسى ھەققىدە

جاۋ دېمىڭ (تۆۋەندە قىسقارتىپ «جاۋ» دەپ ئېلىنىدۇ): غەرب گېزىت- ژۇرناللىرىدىكى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، سىزنىڭ مۇشۇ بىر- ئىككى يىل ئىچىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقىڭىز بار ئىكەن. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
لوسا: مېنىڭچە، بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، مېنىڭ سىياسىيىغا مايىللىقىم بەك كۈچلۈك. شىۋېتسىيە باھالاش- مۇكاپاتلاش كومىتېتى سىياسىيغا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىياسىيغا مايىل يازغۇچىلار مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ.
جاۋ: لېكىن، بىر مۇنچە مىساللار باھالاش- مۇكاپاتلاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئەسلىدىنلا سىياسىيغا مايىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى!
لوسا: دېگىنىڭىز توغرا، بۇ جەھەتتە ئەھۋال سەل مۇرەككەپ. كىم بىلسۇن، ياۋروپا ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرمۇ مېنىڭ نامزاتلار قاتارىغا كىرگەنلىكىمنى ئېيتىپتۇ. ئىشقىلىپ، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقانلىق سالاھىيىتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمگە توسالغۇ بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. راستىنى دېسەم، مېنىڭ بۇ ئىشنى بەك ئويلىغۇم يوق. بۇنى خىيالىمغا بەك كىرگۈزۈۋالسام، ئىجادىيىتىمنى داۋاملاشتۇرالماي قالىدىكەنمەن. كىشىنى تېخىمۇ چۆچۈتىدىغىنى، جۇڭگۇغا ئوخشاش شۇ قەدەر مەدەنىيەتلىك چوڭ دۆلەتتىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلار چىقمىدى. بۇ ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدۇ، بۇنى ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك دېمەي بولمايدۇ! مەن جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئوقۇدۇم. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. ئالايلۇق، ۋاڭ مېڭنىڭ بەزى ھېكايىلىرى، بېي داۋنىڭ شېئىرلىرى دېگەندەك.

2. يازغۇچىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشى ھەققىدە

جاۋ: يازغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيەلىنىش كونكرېت قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؟ بۇنى ئۆز تەجرىبىڭىزگە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ باقسىڭىز.
لوسا: كونكرېت ئەھۋالىمغا نىسبەتەن ئېيتسام، مەن بەك كەڭ دائىرىدە كىتاب ئوقۇيمەن، ئەدەبىيات، پەلسەپە، تارىخ، تېئولوگىيە، سەنئەت، تىلشۇناسلىق، پىسخولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئازدۇر- كۆپتۇر بولسىمۇ كىتاب كۆرگەنمەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئەسلىدىنلا قىزىقاتتىم؛ بەزىلىرىنى زۆرۈر دەرسلىك سۈپىتىدە ئۆگەنگەن، كۆرمىسەممۇ بولمايتتى. ماقالە، ھېكايە، ئاخبارات ئەسەرلىرى، كىتاب ئوقۇش تەسىراتى، تارىخقا قىسقىچە باھا، فىليەتۇن دېگەندەك ھەر خىل ژانېردىكى نەرسىلەرنى يېزىشمۇ مېنىڭ بىر ئادىتىم. مەن يەنە قەبرە تەزكىرىسى، كىتاب كاتالوگى دېگەندەك نەرسىلەرنىمۇ كۆچۈرۈپ باققان. ئويلىمىغاندا، بۇلارنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىمگە جىق پايدىسى بولدى. 1958- يىلى پارىژغا بېرىپ نەزەر دائىرەم كېڭەيدى. پارىژ مەن ئۈچۈن ئوقۇشقا، يېزىقچىلىق قىلىشقا ۋە ياشاشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەردەك تۇيۇلدى. چۈنكى پارىژنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتى مېنى بەكلا جەلپ قىلىۋالغانىدى. كېيىن فرانسىيەگە يەنە بىر قېتىم بارغىنىمدا ھەممە نەرسە پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم. پارىژدا جاپالىق ئىشلەپ تۇرۇپ ياشاش، ئىجادىيەت قىلىش بەكلا تەس ئىش ئىدى!
جاۋ: 1958- يىلى پارىژغا مۇكاپات ئالغىلى بېرىپسىز. 1960- يىلى بولسا ئىشلىگىلى بېرىپسىز. سالاھىيىتىڭىزمۇ، سەرگۈزەشتىڭىزمۇ ئوخشىمغاندىكىن، تۇيغۇڭىزمۇ ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ- دە. «سۇدىكى بېلىق» دېگەن ئەسلىمىڭىزدە بۇنى تىلغا ئاپتىكەنسىز. شۇ يادىڭىزدا بارمۇ؟
لوسا: يادىمدا بار. بۇ ماڭا 50 يىلدىن بېرى ئوڭۇشسىزلىققا تولغان تۇرمۇشۇمنى ئەسلىتىدۇ. مەن دەل شۇ ئارقىلىق ئىرادەمنى، خاراكتېرىمنى تاۋلىدىم دېسەممۇ بولىدۇ.

3. ئەدەبىي تالانت ھەققىدە

جاۋ: ئەدەبىي تالانتقا قانداق قارايسىز؟ ئەدەبىي تالانت بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچىدا كەم بولسا بولمايدىغان شەرتمۇ؟
لوسا: ئەدەبىي تالانت تۇغما بولمايدۇ، بەلكى تاۋلىنىش جەريانىدا پەيدا بولىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم ئالدى بىلەن رېئاللىقتىن نارازى بولىدىغان، گۈزەل غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن. رېئاللىق بىلەن ئۇنىڭ غايىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بەك يىراق بولغاچقىلا ئۇ ئەدەبىيات ئارقىلىق بىر بەدىئىي دۇنيا يارىتىپ، رېئاللىقتىكى پاسكىنىچىلىقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىماقچى، بەدىئىي تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق رېئاللىقتىكى بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بولىدۇ. مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرى مول ھەم ئالاھىدە بولىدۇ، باشقىلار بۇنى ئالدىراپ دورىيالمايدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنىڭ يۆنىلىشى ھەمىشە رېئاللىق بىلەن قارىمۇقارشى بولىدۇ. دونكىخوتنىڭ چاقپەلەك بىلەن بىلەن ئېلىشىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. باشقىچە ئېيتقاندا، مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى بىھۇدە ئۇرۇنۇش، ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان ئىشلارنى ئويلاشتۇر. كافكا دەل بۇنىڭ ئۈلگىسى. ئادەتتىكى يازغۇچىلار ھەمىشە ئاتالمىش تۇرمۇش چىنلىقىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ.

4. ئەدەبىياتنىڭ جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسى ھەققىدە

جاۋ: 30 نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىجادىيىتىڭىز ـــ «شەھەر ۋە ئىت» نىڭ تىغ ئۇچى فاشىستىك مىلىتارىزمغا قارىتىلىپ، بۇرژۇئازىيە ئارمىيەسىدىكى شەرمەندىلىكلەر چوڭقۇر پاش قىلىنغان. سىز شۇ چاغدا سارتىرىنىڭ «ئەدەبىياتنىڭ جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسى» ھەققىدىكى نەزەرىيەلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپتىكەنسىز. سىز ھازىرمۇ شۇنداق كۆز قاراشتىمۇ؟
لوسا: ياش ۋاقتىمدا سارتىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، «ئەدەبىيات تارىخ تەرەققىياتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، شۇڭا ئەدەبىياتنى قورال قىلىپ تۇرۇپ رېئاللىقتىكى شەرمەندىلىكلەرنى پاش قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش كېرەك» دېگەن ساددىلارچە كۆز قاراشنىڭ تۈرتكىسىدە «شەھەر ۋە ئىت»، «يېشىل ئۆي» دېگەندەك ئەسەرلەرنى يازدىم. ھازىر ئەدەبىياتنىڭ بۇنداق سىياسىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالمايدىغانلىقى ھەممە ئادەمگە ئايان بولدى. لېكىن، ئەدەبىيات ئالىي دەرىجىلىك كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇمى ئەمەس، روھىي جەھەتتىكى ئويۇنمۇ ئەمەس. ئەدەبىيات ئادەملەردە قەلب يارىتالايدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىنىمۇ ئويغىتالايدۇ. مېنىڭ خاراكتېرىممۇ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇڭا، يۇقارقىلار ئەدەبىياتنىڭ ئورنىنى ئالالمىسىمۇ لېكىن، يازغۇچىلار ئىجادىيەت قىلغاندا جەمئىيەت، سىياسىي ۋە روھىي ئەخلاق مەسىلىسىنى ئويلىماي تۇرالمايدۇ.
جاۋ: سىز بايا بەزى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئىزچىل خاراكتېرىڭىزگە تەسىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتىڭىز. مۇشۇ ھەقتە يەنىمۇ كونكرېتراق سۆزلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟
لوسا: بولىدۇ. مەن سارتىرى، فولكىنېر، ھېمىڭۋاي، فىتزگېرالد ۋە دوس پاسسوسنىڭ ئەسەرلىرىنى بۆلەكچە ياخشى كۆرىمەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە فولكىنېرنىڭ ئەسەرلىرىگ ھەممىدىن ئامراق. ئۇ مەن ئەسەرلىرىنى قولۇمغا قەغەز- قەلەم ئېلىپ تۇرۇپ ئوقۇغان تۇنجى يازغۇچى، چۈنكى ئۇنىڭ بەدىئىي ماھارىتى كۆزۈمنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتىدۇ. ئۇ يەنە قەلبىمدە ئەسەرلىرىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ باقىدىغان تۇنجى يازغۇچى. بۇرۇن مەن: «ئۇ ئەسەر يازىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇننى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلايتتىم، يەنە تېخى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە بايان نۇقتىسى بىلەن سىرلىق، تۇتۇق كەيپىياتنى يارىتىشتا قانداق ۋاستە قوللىنىدىغانلىقىنىمۇ تەتقىق قىلىپ باققانىدىم. راستىنى دېسەم، فولكىنېردىن بىر يۈرۈش بايان قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالالايسىز.
جاۋ: لېكىن سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچىڭىزنىڭ بورخىس ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدىڭىز. سىز يەنە: «ئەگەر ماڭا پەقەت بىرلا يازغۇچىنى تاللايسەن دېسە، ئۇنداقتا بورخىسنى تاللىغان بولاتتىم» دەپتىكەنسىز. بۇ، بايىقى گېپىڭىز بىلەن زىت بولۇپ قالدىمۇ- قانداق؟
لوسا: (كۈلكە) ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى فولكىنېر بىلەن بورخىسنىڭ ھەر ئىككىلىسى تەڭداشسىز، ئۇلار بىر- بىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. بولۇپمۇ 20- ئەسىردىكى ئەدەبىيات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا مەيلى كەڭ دائىرىلىك مەدەنىيەت بىلىمى بولسۇن ياكى ئۆزگىچە بەدىئىي تەسەۋۋۇرى بولسۇن، بورخىسنىڭ تەڭدېشى تېپىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئەدەبىي تىل جەھەتتىكى غايەت زور تۆھپىسىنى تەڭداشسىز دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئىسپان تىلىنىڭ ئەنئەنىۋىلىكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جانلىق، ئىخچام، مول بولغان بەدىئىي ئۇسلۇب ياراتتى. ئىدىيەۋى مەزمۇن جەھەتتە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مەزمۇننىڭ موللىقى، تىرەنلىكى ۋە پاراسەت بىلەن تويۇنغانلىقى ئىسپان تىلى ئەدەبىياتىدا ئاز كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە جەمئىيەتكىلا كۆڭۈل بۆلۈنۈپلا قالماي، ئىنسانلارنىڭ ھايات- ماماتى، ھەتتا بەزى ئالەملىك مەسىلىلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈنگەن. ئۇنىڭ ۋەدىسى بۈيۈك ۋەدە، بۈيۈك غەمخورلۇق؛ ھەرگىزمۇ پارتىيە- گورۇھلارنىلا كۆزدە تۇتقان ۋەدە، غەمخورلۇق ئەمەس. ئۇ ئىنسانلارنى پۈتكۈل يەرشارى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ كۆزىتىدۇ.
جاۋ: ئوكتاۋىئو پازنى سىزمۇ بەك چوڭ بىلىدىكەنسىز – ھە؟
لوسا: (قاقاھلاپ كۈلۈش) توغرا، توغرا دېدىڭىز. پاز مەن ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان كاتتا يازغۇچى. ئۇ يالغۇز بۈيۈك شائىرلا ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ نەسىرچى. ئۇنىڭ نەسىرلىرى مەيلى سىياسىي، سەنئەت ياكى ئەدەبىيات جەھەتتە بولسۇن، كىشىگە ناھايىتى زور ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىچە بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ئەدەبىيات، سەنئەت، سىياسىي، پەلسەپە، تارىخ تەتقىقاتى ۋە تەپەككۇرى ئىچىدە ئەكىس ئېتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالەم مەسىلىلىرىگە بولغان قىزىقىشىمۇ بەك كۈچلۈك. مەن پازنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەمىشە ناھايىتى زور قىزىقىش ۋە خۇشاللىق ئىلىكىدە ئوقۇيمەن.
جاۋ: پاز بىلەن بولغان دوستلۇقىڭىز ناھايىتى چوڭقۇردەك قىلامدۇ نېمە؟
لوسا: شۇنداق. ئىككىمىزنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى نۇرغۇن قاراشلىرىمىز ئوخشىشىپ كېتىدۇ ياكى يېقىنلىشىپ قالىدۇ. 1990- يىلى پىرۇنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان چېغىمدا ئۇنىڭدىن نەچچە قېتىم پىكىر ئالغانىدىم. دەسلەپتە ئۇ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشىمغا قوشۇلمىدى، «يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى غايىسى، ئىنتىلىشى بىلەن سىياسىيوننىڭ جەمئىيەتتىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈشى تامامەن ئوخشىمايدۇ. ئەدىبلەرگە خاس قىزغىنلىق بىلەن رەھىمسىز سىياسىي رېئاللىقنى ھەل قىلىمەن دېيىش ـــ دونكىخوتنىڭ چاقىپەلەك بىلەن ئېلىشقىنىغا ئوخشاش مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ» دېدى. مەن تۇنجى قېتىملىق سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ مېنى «ھەرگىز بوشاشماڭ» دەپ رىغبەتلەندۈردى. ئىككىنچى قېتىملىق سايلامدا مەغلۇپ بولدۇم. ئۇ بۇنىڭدىن بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى ۋە مېنىڭ ئەدەبىيات قوشۇنىغا قايتىپ كەلگەنلىكىمنى تەبرىكلىدى.

5. ئەدەبىيات ئىجتىمائىي رېئاللىقنى قانداق ئەكىس ئەتتۈرىدۇ؟

جاۋ: سىز بېشىڭىزدىن ئۆتكەن، ئۆزىڭىزگە تونۇش بولغان نۇرغۇن تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرىنى يېزىپ چىقتىڭىز. مەسىلەن، «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» ناملىق ئەسىرىڭىزدە تەسۋىرلەنگەن ئىشلار 19- ئەسىردە بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمال رايونلىرىنىڭ مەركىزىدە يۈز بەرگەنىكەن. سىز بۇ بۈيۈك ئەسىرىڭىزنىمۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەلىك يېزىپ چىقىپسىز. مۇشۇ ئەسىرىڭىزنى ئىجاد قىلىش جەريانىڭىز ۋە ھېس- تۇيغۇلىرىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز؟
لوسا: بولىدۇ. «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» ـــ مەن تۇنجى قېتىم باشقا دۆلەتنى، تىلى ئىسپان تىلى بولمىغان بىر دۆلەتنىڭ تارىخىي ۋەقەلىكلىرىنى تەسۋىرلىگەن ئەسەر. بۇ مەن ئۈچۈن بىر تەۋەككۈلچىلىك بولدى، مېنى غىدىقلىدى. بولۇپمۇ ئەسەردىكى بىر قانچە پېرسۇناژنىڭ تەۋەككۈلچىلىكلىرى بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قېلىشلىرى مېنى ئاجايىپ ھاياجانغا سالىدۇ. بۇمۇ ئىجادىيەتتىكى بىر خىل ئىلھامدۇر. جىق ماتېرىياللارنى كۆرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ بىرازىلىيەنىڭ بۈيۈك يازغۇچىسى كۇنخانىڭ «مەركىزىي رايون» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىشقا كىرىشىپ كەتتىم. يېزىپ ئىككى يىل بولغاندا، قىيىنچىلىقلار كۆپەيگىلى تۇردى، ئىشەنچىممۇ يوقاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بىرازىلىيەگە بېرىپ، پۈتكۈل مەركىزىي رايوننى ئايلىنىپ چىقتىم. بۇ ساياھەت مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىدى. مۇشۇ ساياھەت يازماقچى بولغان ئەسىرىمنىڭ ۋەقەلىكلىرىنى ئىسپاتلاپ بەردى ھەم مېنى نۇرغۇن ئۇلانما تەسەۋۋۇر ئىچىگە سۆرەپ كىردى.
جاۋ: كەچۈرۈڭ، گېپىڭىزنى بۆلۈۋېتىدىغان بولدۇم. سىز ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرگە: «‹قىيامەتتىكى ئۇرۇش› ـــ ئەسلىدە رېژىسور لۇيى گېرانىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن يېزىلغان كىنو سىنارىيەسى ئىدى» دەپتىكەنسىز. سىز دېگەن ئاشۇ سىنارىيە بىلەن كېيىن يازغان رومانىڭىزنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
لوسا: بۇ مۇنداق ئىش: لۇيى گېرا ئەسلىدە كانۇدوس ئۇرۇشى ھەققىدىكى ۋەقەلىكنى كىنو قىلىپ ئىشلىمەكچى بولغانىدى. لېكىن، مەن بىرازىلىيەدىكى بۇ دېھقانلار قوزغىلىڭى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتىم. كېيىن ماتېرىيال كۆرۈپ، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلەرنى تۆت قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ قورشاپ يوقاتقانلىقىدىن، 1897- يىلى ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەك ۋە مىلتىق بىلەن قوراللانغان 6000 كىشىلىك مۇنتىزم قوشۇن چىقىرىپ، 3000 كىشىلىك «خىرىستىيان دىنى ئۈچۈن دۇنيانى قۇتقۇزۇش» ئۇرۇشى قىلىۋاتقان قوزغىلاڭچى قوشۇننى قانلىق قىرغىن قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. كۆرۈنۈش بەك چوڭ، پېرسۇناژلار بەك كۆپ ئىدى، سۈرەتكە ئېلىش ناھايىتى تەسكە چۈشەتتى. لېكىن، مۇشۇ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلىكلەرنى يېزىش مۇمكىنچىلىكى يەنىلا بار ئىدى.
جاۋ: كېيىن نېمىشقا بىراقلا رومانغا ئۆزگەرتىۋەتتىڭىز؟
لوسا: «مەركىزىي رايون» نى ئوقۇپ، لاتىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزىگىلا خاس مىجەز- خاراكتېرى، چېچىلاڭغۇلۇقى، ياۋايىلىقى، ئەركىنلىككە يولسىزلىق بىلەن ئىنتىلىشىدەك ئۆزگىچە بىر خىل نەرسىنى بايقىدىم. بۇ ئەھۋال «مەركىزىي رايون» نەشر قىلىنىشتىن بۇرۇن جىق ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۇچرىمىغان ئىدى. مەن «مەركىزىي رايون» دىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنى يۈكسەك ئەقىل- پاراسەت، يۈكسەك ئەدەبىي ئىستېدات بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈشتەك بۇ خىل ئۇسۇلدىن قالتىس ھۇزۇرلاندىم. شۇنداق دېيىشكە بولاتتىكى، «مەركىزىي رايون» بولمىغان بولسا، «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» دېگەن رومانىمنى يېزىپ چىقالمىغان بولاتتىم. بولۇپمۇ كىنو سىنارىيەسى پۈتكەندىن كېيىن، پارامونت كىنو شىركىتى بۇ كىنونى سۈرەتكە ئالماسلىقنى قارار قىلدى. لېكىن مەندە ھەقىقىي ئىجادىيەت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەنىدى، بولۇپمۇ بىرازىلىيەگە بىر قېتىم بارغاندىن كېيىن، مەندە گويا يانار تاغ پارتلايدىغاندەك بىر خىل كۈچلۈك ئىجادىيەت قىزغىنلىقى پەيدا بولدى. مەن بىرازىلىيەلىك ئىنسانشۇناس رېناتو فېراسنىڭ ھەمراھلىقىدا مەركىزىي رايوننى بىر ئاي ئايلاندىم. ئۇ مەركىزىي رايون مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسىس بولۇپ، مەركىزىي رايوننىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى بەش قولدەك چۈشىنەتتى. بۇ كىشى ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، مەركىزىي رايوندىكى ئاھالىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا بەكلا ماھىر ئىدى. ئىككىمىز 100 دىن ئارتۇق ئادەم بىلەن پاراڭلاشتۇق. پاراڭلاشقانلارنىڭ ئارىسىدا دېھقانلارمۇ، چارۋىچىلارمۇ، پوپلارمۇ، سەرگەردان سەنئەتكارلارمۇ، ئۇششاق دېھقانچىلىق فېرمىلىرىنىڭ خوجايىنلىرىمۇ بار ئىدى. ئىككىمىز شۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ داھىيلىرىنىڭ قەدەم ئىزى تەگكەن 25 كەنتنى ئايلىنىپ چىقتۇق. مېنى ئەڭ ھاياجانغا سالغىنى، ئىككىمىز ئەينى چاغدا ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش بولغان كىچىكرەك بىر تاغقا باردۇق، ئۇ يەردە قوزغىلاڭنىڭ روھىغا سىمۋول بولمىش كىرىست بەلگىسى تىكلەكلىك بولۇپ، ئوق ئىزلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. بۇلارنى كۆرۈپ ئىجادىيەت غايەم جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك تۇيۇلدى. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، يېزىقچىلىقىم بەكلا ئاقتى، ھەركۈنى 10 سائەتتىن 12 سائەتكىچە يېزىقچىلىق قىلدىم، تۇيغۇلىرىم قەلبىمگە پاتمايتتى. چۈنكى ئاشۇ قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭى بولمىش بۇ ئىجتىمائىي ھادىسە ئارقىلىق لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇنداق بىر تارىخىنى ئېچىپ بېرەلەيتتىم: بىزنىڭ تارىخىمىز زوراۋانلىق، جەڭگى- جېدەل ۋە جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى بىلەن تولغانىكەن. لېكىن، بىز شۇ چاغدا ئۇلارغا نېمە ئۈچۈن يېتەرلىك ئىقتىدار ۋە سەگەك تونۇش بىلەن مۇئامىلە قىلمىغان بولغىيتتۇق؟ روشەنكى، ئۇ چاغدا بىز كونا، قالاق، بېكىك كۆز قاراشنىڭ ئاسارىتىگە مەھكەم چىرمىشىپ قالغان ئىكەنمىز.
جاۋ: ئۇنداقتا، سىز ئاشۇ قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭى ئارقىلىق مەلۇم بىر خىل روھنى ئېچىپ بەرمەكچى بولغانمۇ قانداق؟
لوسا: شۇنداق. بىز مەركىزىي رايوننى زىيارەت قىلغاندا، جىق ئادەملەر شۇ قېتىملىق قوزغىلاڭنى تىلغا ئالدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئاشۇ قوزغىلاڭنىڭ جەڭچىلىرى ئىكەن، ھەممىسى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلىيەلەيدىكەن، ئاشۇ قوزغىلاڭغا ئاتاپ توقۇلغان بېيىت- قوشاقلارنى ئېيتالايدىكەن. بۇ مەندە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئېسىمدە قېلىشىچە، قايسى بىر كەنتتىكى بىر موماي قوزغىلاڭ داھىيسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىكەن. ئۇ ماڭا: «ئۇ قايتىپ كېلىدۇ، ئۇ چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. ھۆددە قىلالايمەن، ئۇ يەنە چوقۇم مۇشۇ جايدىن ئۆتىدۇ» دېگەنىدى. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىي روھى تېخىچە ساقلىنىپ قاپتۇ. چۈنكى قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى ئۇلارنى «بىز قۇل ئەمەس، بىزمۇ ئۆز- ئۆزىمىزگە خوجا بولالايمىز. بىز تەڭرىنىڭ كۆزى چۈشكەن ئادەملەر!» دېگەن گەپگە ئىشەندۈرۈۋەتكەن ئىكەن. بۇ ـــ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن بىر قېتىملىق بۈيۈك روھىي ئازادلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شان- شەرەپ، غۇرۇر- ئىپتىخار تۇيغۇسى ئۇلاردا چەكسىز روھىي قۇدرەت پەيدا قىلغانىكەن. شۇڭا ئۇلار داھىيسى قان كېچىپ قىلغان كۈرەشلەرگە ئۆزلىرى خالاپ تۇرۇپ ئەگىشەلەيدىكەن. شۇ ۋەجىدىن، مەركىزىي رايوندىكى كىشىلەر تا بۈگۈنگىچە ئاشۇ قوزغىلاڭنىڭ داھىيسىنى ياقلايدىكەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ قوغداۋاتقىنى ئاشۇ خىل ئىنقىلابىي روھ. مانا مۇشۇنداق روھنى ئىپادىلەش ئەدەبىياتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسىدۇر.
جاۋ: سىز ئۇدا بىر قانچە رومانىڭىزدا پىرۇ ئارمىيەسىدىكى شەرمەندىلىكلەرنى ئەكىس ئەتتۈردىڭىز. سىزنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئارمىيەلەرگە بولغان كۆز قارىشىڭىز تۇرغۇن ھالەتتىمۇ قانداق؟ چۈنكى سىز رومانلىرىڭىزدا ئارمىيەنى ھەدېسىلا قالاق، ياۋايى، مۇتەئەسسىپ، ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ سىمۋولى قىلىپ تەسۋىرلەيدىكەنسىز. مۇشۇ كۆز قاراشلىرىڭىزنىڭ پاكىت ئاساسى بارمۇ؟
لوسا: ئاساسىم شۇكى، ئارمىيە ھەدېسىلا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھەربىي جەھەتتىن مۇستەبىتلىك يۈرگۈزىدۇ. ئۇلار دېمىسىمۇ قالاقلىققا، ياۋايىلىققا، مۇتەئەسسىپلىككە ۋە ئەكسىيەتچىل كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ھەدېسىلا سىياسىيغا ئارىلىشىۋالىدۇ، ھەر بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان 100 يىلغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن، ھەربىي مۇستەبىتلىك تۇرمۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمما ئارمىيە ئەسلىدىنلا بىر بېكىك سىستېما، ئۇ تولىمۇ كۈچلۈك بولغان تەبىقە كۆزقارىشى ۋە پولاتتەك ئىنتىزامغا تايىنىپ بۇ ھۆكۈمرانلىق قورالىنى كونترول قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ دۆلەت مۇداپىيەسىنى قوغداش ۋە خەلقنىڭ ھايات بىخەتەرلىك ھوقۇق- مەنپەئىتى دائىرىسىدىلا چەكلەپ قويۇلسا، سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. لېكىن، ئارمىيە ھاكىمىيەتنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىۋالسا، شەكلى ئۆزگەرگەن بىر خىل ئىجتىمائىي تۇرمۇش پەيدا بولىدۇ. ئۇ قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى باش ئەگدۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەخسلەرنىڭ ئاڭلىقلىقى، ئىختىيارىيلىقى، ئەركىنلىكى ۋە ئىجادىي تۇرمۇشى پۈتۈنلەي بوغۇلىدۇ.
جاۋ: «قاۋاقتىكى تۈگىمەس پاراڭ» ناملىق رومانىڭىزنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ھەربىي مۇستەبىتلىككە بولغان قارشىلىق تەسۋىرلەنگەن بۇ روماننى قانداق يېزىپ چىققانلىقىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز؟
لوسا: 1953-، 1954- يىللىرىغۇ دەيمەن، لىما سان ماركۇس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. ئۇ چاغدا ھەربىي مۇستەبىتلىك ئەڭ كەسكىنلەشكەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ جىمى ئىشلىرىغا ئەڭ يۇقىرى ھەربىي ئەمەلدار مەننۇئىل ئودرىيا قارار چىقىراتتى. ئۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بىلەن ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىغا ئىنتايىن ئۆچ ئىدى؛ ھەدېسىلا قول ئاستىدىكى ئىشپىيۇنلارنىڭ كاتتىبېشىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچىلارنىڭ داھىيلىرىنى قولغا ئالاتتى. ئىشپىيۇنلارنىڭ بۇ كاتتىبېشى ھايات- ماماتقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھوقۇقنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغان بولۇپ، ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان بىخەتەرلىك، ئاخبارات سىستېمىسىغا قوماندانلىق قىلاتتى. ئۇنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلىشى ئارقىسىدا بۇ ھەربىي مۇستەبىتنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆمرى يەنە 8 يىل ئۇزارغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن شۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش مەندە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى. قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى كىيىم- كېچەك بىلەن ئەدىيالغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاچقا، كۆپچىلىك مېنى ئۆزلىرىگە ۋەكالىتەن سۆھبەتلىشىشكە سايلاپ چىققانىدى. ئۇ بىر قاراشتا ناھايىتى سۆرۈن تەلەت ئادەم ئىدى، گەپ- سۆزلىرى ئادەتتىكىچە ئىدى. كاللامدا شۇئان «بۇ خۇمپەرنى بىر يېزىپ چىقسام بولغۇدەك» دېگەن ئوي پەيدا بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇ بۇ چىرىك ھاكىمىيەتنىڭ ۋەكىلى ئىدى. مېنىڭ مەقسىتىم ـــ ئىستىبداتلىقتا ئۇچىغا چىققان بۇ ماشىنىنىڭ قانداق يۈرۈشىدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئىدى. مۇنداقچە ئېيتسام، بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى، ئىشچىلارنى، زىيالىيلارنى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتنى قانداق چىرىتىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەش ئىدى. بۇ خۇمپەر ئەسلى ھەربىي ئەمەس ئىدى، سىياسىي بىلەنمۇ شۇغۇللانمايتتى. لېكىن، بۇ بىر يۈرۈش مۇستەبىت تۈزۈلمە ئۇنى ئىشپىيۇنلارنىڭ كاتتىبېشىغا ئايلاندۇرغانىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ بۇ جەھەتتە تالانتى بارلىقىنى بايقىدى. بورخىسنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ ئۆز ماكانىنى تاپقانىدى.
جاۋ: «قاۋاقخانىدىكى تۈگىمەس پاراڭ» نەشردىن چىققاندىن كېيىن، ئىشپىيۇنلارنىڭ ئۇ كاتتىبېشى بۇ كىتابنى ئوقۇغانمىدۇ؟
لوسا: ئوقۇپتۇ. بۇ ھەقتىكى ئىشلار بەك قىزىق. كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەر روماندا تەسۋىرلەنگەن باش پېرسۇناژ پروتوتىپىنىڭ دەل شۇ ئىكەنلىكىنى دەرھاللا بىلىۋالدى. كېيىن، مۇخبىر ئۇنى زىيارەت قىلىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ پايتەختتىن خېلى يىراق بىر يەرگە كۆچۈپ بېرىپ، ماندارىن ئۆستۈرۈش ۋە خەير- ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانىكەن. ئۇ يوغان بىر پارچە يەرگە يىتىم بالىلارنى بېقىۋېلىش ئورنى قۇرۇپتۇ. ئۇ مۇخبىرغا: «ۋارگاس لوسا مېنى نېمىشقا بالدۇرراق ئىزدەپ كەلمىگەندۇ؟ شۇنداق قىلغان بولسا مەن ئۇنىڭغا كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن ئىشلاردىنمۇ قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن بولاتتىم!» دەپتۇ.

6. تېما تاللاش مەسىلىسى ھەققىدە

جاۋ: تېمىنى ئۆزىڭىز تاللامسىز ياكى مەلۇم بىر تېما سىزنى ئۆزىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلامدۇ؟
لوسا: يەنىلا تېما يازغۇچىنى تاللايدۇ. ھېچبولمىغاندىمۇ، مەندىكى ئەھۋال ئاشۇنداق. مەندە دائىم مۇنداق تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ: بەزى ھېكايىلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىپ چىققۇم كېلىدۇ، ئۇنى يازمىغۇچە قەتئى ئارام تاپمايمەن. ئالايلۇق، مەن پىرادو ھەربىي ئىشلار مەكتىپىدە ئىككى يىل تۇردۇم، ئۇ يەردە نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارمۇ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىشلارمۇ بار ئىدى. ئۇ يەردىن كېتىپ 7– 8 يىللاردىن كېيىنمۇ بۇ ئىشلار خىيالىمدىن زادىلا نېرى كەتمىدى، ئۇنتۇپ كېتەي دەپمۇ ئۇنتىيالمىدىم. چۈنكى ئۇ ئىنتايىن ئازابلىق كەچۈرمىشلەر ئىدى. بۇ كەچۈرمىشلەر سىزنى ئويلىنىشقا، ئەسلەشكە ۋە ئۇنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشكە قىستايتتى. ئەنە شۇ مەكتەپتە مەن زوراۋانلىقنىڭ، ئۆچمەنلىكنىڭ، ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكى تۇنجى قېتىم چۈشەندىم؛ كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى ھوقۇق- مەنپەئەت تالىشىش جەريانىدا ئاشكارىلىغان ھايۋانىي مىجەزلىرىنى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا قاراڭغۇلۇق بىلەن شەرمەندىلىكلەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تۇنجى رەت ھېس قىلدىم. ئەنە شۇ نەرسىلەر مېنى ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ بولۇشىغا ۋارقىراشقا مەجبۇر قىلاتتى، شۇلارنى دەۋالساملا ئىچىم بوشاپ قالاتتى.
جاۋ: سىز ئەزەلدىن: «ئاۋۋال ساپ ئىدراك بويىچە تەپەككۇر قىلىش، سىياسىي ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزگەرتىش، ئاندىن خام ماتېرىيال ياكى ۋەقەلىك ئىزدەش، ئەڭ ئاخىرىدا بەدىئىي جەھەتتىن پىششىقلاش» تەك ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ باقمىدىڭىزمۇ؟
لوسا: ئەزەلدىن قوللىنىپ باقمىدىم. مەن ئەزەلدىن ئەسەردىكى رەڭ، تۇيغۇ، ھېسسىيات، ئۆزگىچىلىك ۋە ئەسلىمە ئامىللىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇ ـــ ئەدەبىياتنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى! مەن ئەلۋەتتە ھېكايىدىكى ئەقىل- پاراسەت بىلەن پەلسەپىۋىلىككە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن. لېكىن، مەيلى قانچىلىك چوڭقۇر، دانا ئىدىيە بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ھامان تىلنىڭ سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ!
جاۋ: تېما تاللىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىسىز؟
لوسا: ئاۋۋال تەپەككۇر قىلىمەن، «نېمىشقا مۇشۇنداق ئادەملەر ياكى مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ» دەپ ئويلىنىمەن. شۇنىڭ بىلەن كاللامدا بەزى ئوي- خىياللار پەيدا بولىدۇ. بۇ مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى ئۇ يازماقچى بولغان ئەسىرىمنىڭ تۆرەلمىسى. مەن ئەنە شۇ يەردىن باشلاپ پېرسۇناژ ۋە ھېكايىنىڭ سەۋەب- نەتىجىسىنى رەتلەشكە، ئېنىقلاشقا كىرىشىمەن، ئاندىن يازماقچى بولغان ئەسىرىمنىڭ ئومۇمىي رامكىسىنى چىقىرىۋالىمەن. لېكىن، رەسمىي يېزىشقا باشلىغان ۋاقتىمدا بۇ رامكا ھەمىشە بۇزۇلۇپ ۋە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، تىزىس تۈزۈشكە باشلايمەن، ئەمما تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى ۋە بەدىئىي قۇرۇلما دېگەندەكلەرگە ھەرگىز زېھنىمنى چاچمايمەن. لېكىن، بۇ باسقۇچ تولىمۇ جىددىي بولىدۇ، ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، ھاردۇرۇۋېتىدۇ. تىزىس پۈتكەن ھامان مەندە ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ. چۈنكى مەن تۈزىتىش، كېسىپ تەھرىرلەش ۋە بەتكە تىزىشقا قەۋەتلا ئامراق. ئىككىنچى قېتىملىق بۇ خىزمەت ھەقىقىي ئىجادىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئاجايىپ يېڭى، ئۆتكۈر خىياللار دەل شۇ چاغدا پەيدا بولىدۇ ۋە بايان، دىيالوگ، مونولوگ ئىچىدە ئەكىس ئېتىدۇ.
جاۋ: تېمىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا سىزدە ۋەقەلىكتىكى پېرسۇناژلارنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىشتەك ئەھۋال كۆرۈلگەنمۇ؟
لوسا: بۇنداق ئەھۋال دائىم كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ۋەقەلىكتىكى پېرسۇناژلار يالغۇز ئىدراكىي ئويلىنىش ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا كەلمەستىن، ئۇلار يەنە قان ۋە گۆشتىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ؛ ئۇلاردا تالانت، ھېس- تۇيغۇ بولىدۇ. ئۇلار ئەسەردە ئۆزىگە خاس ھاياتلىق مىزانى ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بېكىتىۋالغان ھامان ئۆزىنى ياراتقان ئاشۇ يازغۇچىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تۇرمۇش ئوربېتىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولىدۇ، ئاپتورنىڭ ھەرقانداق كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالمايدۇ. پېرسۇناژ بىلەن ئاپتور ئوتتۇرىسىدا ھەمىشە ئىختىلاپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، مانا بۇ ئادەمنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان پەيت. چۈنكى خاسلىقى بار بىر پېرسۇناژ ئاپتوردىن ئۆز خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
جاۋ: پېرسۇناژلارنىڭ سىزدىن ئۆز خاراكتېرىنى ھۆرمەت قىلىشنى قانداق تەلەپ قىلغانلىقىنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈپ باقامسىز.
لوسا: «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» نى يېزىۋاتقان چېغىمدا دەسلەپتە بىر خۇمپەرنىڭ ئوبرازىنى بېكىتىۋالدىم. ئۇ ئاقسۆڭەك بولۇپ، چوڭ بىر قورۇقنىڭ خۇجايىنى ئىدى. لېكىن، دېھقانلار قوزغىلىڭى ئۇنىڭ قورۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى لەرزىگە سالىدۇ؛ ئۇنى كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتىكى پوزىتسىيەسى بىلەن قىممەت قارىشىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا، ئېتقادى بىلەن ئەخلاق ئۆلچىمىنى تارازىغا سېلىپ بېقىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ ۋە دادىللىق بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ دېھقانلار ئۈچۈن گەپ قىلىدۇ. بۇ مېنىڭ كۈتمىگەن يېرىمدىن چىققانىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەتلەشكە مەجبۇر بولدۇم. «شەھەر ۋە ئىت» ناملىق رومانىمنى يېزىۋاتقاندا بۇنىڭ ئەكسىچە بىر مىسالغا يولۇقتۇم. بۇ روماننى يېزىۋاتقاندا، لېيتنانت گامبوئانى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەكتەپتىكى شەرمەندىچىلىكلەرنى تەنقىد قىلىدىغان ۋە ئىنكار قىلىدىغان قىلىپ تەسۋىرلىمەكچى ئىدىم. لېكىن، ئەسەرنىڭ تۈگەنچىسىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، ئەخلاق- دىيانەتنى ياقلايدىغان ئوفېتسىر ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش، باشقىلار بىلەن ئوخشاش بىر ئېقىندا بۇلغانمىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەكتەپنىڭ فاشىزملىق مەكتەپ باشقۇرۇش فاڭجېنىغا چاپان ياپىدۇ. پېرسۇناژلار خاراكتېرىنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىشى ھەمىشە قالايمىقانچىلىق ۋە مۈجمەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن ۋەقەلىك بىلەن پېرسۇناژ تولىمۇ مۇكەممەل ۋە جانلىق چىقىدۇ. مۈجمەللىك بىلەن ساختا چىنلىق ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى بەدىئىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ.
جاۋ: سىز بۇرۇن «ئۆلۈك جانلار» دېگەن روماننى باھالاپ يازغان بىر ماقالىڭىزدە: «ھىيۇگۇنىڭ چەت ئەلدە ياشىشى بۇ كاتتا ئەسەرنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىدى» دەپتىكەنسىز. سىز نېمىشقا رېئاللىق بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق تۇيغۇسى ساقلاش كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلىسىز؟
لوسا: مەن: «رېئاللىققا زىيادە يېقىنلىشىۋېلىش ئاسانلا ئادەمنىڭ بېشىنى قايدۇرۇۋېتىدۇ» دېگەنىدىم. شۇڭا مەن كۆز ئالدىمدىكى تېمىلارنى يازمايمەن. سەۋەبى، كۆز ئالدىڭىزدا پۇلاڭلاپ يۈرگەن نەرسىلەر سىزنى ھامان ئۆز تىزگىنىگە ئېلىۋالىدۇ؛ سىزنى ئەركىن- ئازادە ئىجادىيەت قىلغىلى قويمايدۇ، تەشۋىشكە سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپ يازالمايسىز، ھەدېسىلا چەكلىنىپ قالغاندەك بىر خىل تۇيغۇدا بولىسىز. لېكىن، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ـــ دەل روھىي جەھەتتىكى تولۇق ئەركىنلىكتۇر. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۆز- ئۆزىڭىزگە خوجايىن بولالايسىز، ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە ئىش كۆرەلەيسىز، ھېچقانداق دەخلىگە ئۇچرىمايسىز. بۇ ـــ ھەر قانداق بىر يېڭى ئەسەر ئىجاد قىلىشتىن بۇرۇن كەم بولسا بولمايدىغان روھىي ھالەتتۇر. مەن ياۋروپاغا بارغان ھامان تۈرلۈك روھىي يۈك ۋە جامائەت پىكرىنى چۆرۈپ تاشلايمەن، لېكىن، ۋەتىنىم ۋە يۇرتۇمغا بولغان سېغىنىش تۇيغۇسى مەندە نۇرغۇن ئۇلانما تەسەۋۋۇرلارنى قوزغايدۇ. مانا بۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۈچۈن بىر بايلىق بولماي نېمە!
جاۋ: رېئاللىقتىن بەك يىراقلىشىپ كەتسە، ئىجادىيەتتىكى خام ماتېرىيال مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالامدۇ قانداق؟
لوسا: شۇنداق ئىشمۇ يۈز بېرىدۇ. شۇڭا مەن ھەر يىلى پىرۇغا قايتىپ بىر نەچچە ئاي تۇرىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەتىنىمدىكى كۈندىلىك ئۆزگىرىشلەرگىمۇ ناھايىتى دىققەت قىلىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن زامانىۋى، ئىلغار پەن- تېخنىكىلىق تارقىتىش ۋاستىلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن: تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، تېلېفون، فاكس قاتارلىقلار مېنى دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىدىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرىدۇ، ۋەتىنىم بىلەن بولغان زىچ ئالاقەمنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. يېزىقچىلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، لوندوندىكى تۇرمۇشۇم بىر قەدەر خاتىرجەملىك ئىلىكىدە ئۆتىدۇ، شۇڭا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن يېزىقچىلىق قىلالايمەن. لوندوندىكى 3 ئاي ۋاقتىم پىرۇدىكى 6 ئاي ۋاقتىمدىن ئۈنۈملۈك. لېكىن، لىماغا قايتساملا بىر خىل بىئاراملىق، ئەنسىزلىك، تەشۋىش، نەپرەت تۇيغۇسىنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالىمەن. چۈنكى خىلمۇخىل كاشىلىلار ماڭا يېپىشىپلىۋالىدۇ. ئەنە شۇنداق زىددىيەتلىك تۇيغۇلارنى تەڭشىمەك دېمىسىمۇ بەكلا قىيىنغا چۈشىدۇ.
جاۋ: جۇڭگودا تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، سىنئالغۇ، ئوپتىك دېسكىلارنىڭ تەرەققىياتى بەكلا تېز بولۇۋاتىدۇ. بەزى يازغۇچىلار ئىلغار پەن- تېخنىكىلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى بەكلا تارايتىۋېتىشىدىن، ھەتتا ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئورنىغا دەسسىشىدىن بەكلا ئەندىشە قىلىدىكەن. سىزدە مۇشۇنداق ئەندىشە بولغانمۇ؟
لوسا: بۇ بىر چوڭ، شۇنداقلا يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلە ئىكەن. مېنىڭچە، ھازىر كىتاب ئوقۇيدىغانلار بۇرۇنقىدىن خېلى بەكلا كۆپەيدى. لېكىن، كىتابنىڭ ئەھمىيىتى بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ. مەدەنىيەت ئوزۇقلىرىنىڭ تۈرلىرى بەك كۆپ، كىشىلەر ئەركىن تاللىيالايدۇ. كومپيۇتېر، تېلېۋىزور، ئوپتىك دېسكىلار كىتابلارنىڭ ئورنىنى قىسمەن ئىگىلىدى. لېكىن، پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئوخشىمىغان تۈردىكى نەرسىلەر بىر- بىرىنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي باسالمايدۇ. كىتاب بىلەن كىنو بىر- بىرىنى يەكلىمەيدۇ، بىر ياخشى كىنو كۆرۈش كىتاب ئوقۇشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. لېكىن، بەزى دۆلەتلەردە مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتە مەسىلە بولغانلىقتىن، بەزى ياش- ئۆسمۈرلەر ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇققا مەپتۇن بولۇپ قالدى. بۇ، جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتتى. مېنىڭچە، بۇ بىر ئاپەت، مەدەنىيەت جەھەتتىكى نامراتلىقنىڭ ئىپادىسى. فرانسىيەدە ئەھۋال بۇنداق ئەمەس. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئاممىۋى پروگرامما «سادا» دا يېڭى كىتابلار تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ پروگرامما ھەپتىدە بىر سان ئىشلىنىدۇ. ئېيتىلىشىچە، بۇ پروگراممىنىڭ 5 مىليون كۆرۈرمىنى بار ئىكەن. بۇ پروگراممىغا مەن بىر قېتىم قاتناشقان، تەسىراتىممۇ ناھايىتى چوڭقۇر بولدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى پروگراممىغا قاتنىشىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن قايتىپ چىقىۋاتسام، كوچىدا كېتىۋاتقان كىشىلەر مېنى تونۇۋالدى. ئەتىسى پارىژنىڭ كوچىلىرىدا، مىترولاردا جىق كىشىلەر ماڭا: «مەن ‹سادا› پروگراممىسىدا سىزنى كۆرگەن» دېيىشتى.

7. توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ رومان ئىجادىيىتىدىكى رولى ھەققىدە

جاۋ: سىز توقۇلما بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ رومان ئىجادىيىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدىڭىز. كىلاسسىك ئەسەرلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆز كۆز قاراشلىرىڭىزنى كونكرېتراق سۆزلەپ باقامسىز؟
لوسا: بولىدۇ. بىز «دونكىخوت» نى مىسالغا ئالايلى. رېئال تۇرمۇشتا دونكىخوتتەك ئادەمنىڭ يوقلۇقى ھەممە ئادەمگە ئايان، ئۇ تامامەن سېرۋانتىسنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئويدۇرۇپ چىقىلغان بىر پېرسۇناژ. لېكىن، ئۇ كىشىگە خۇددى مەڭگۈ ئادەملەر ئارىسىدا ياشايدىغاندەكلا، راستتەكلا تۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇشى مۇنداق بىر ئىشنى سەمىمىزگە سالىدۇ: دونكىخوتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ـــ ئىنسانلارنىڭ بىر خىل روھىي ئېھتىياجى. چۈنكى بىزنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىز بەخت كەمچىل بولغاننىڭ ئۈستىگە ئازاب- ئوقۇبەت بىلەن تولغان بولغاچقا، دونكىخوتنىڭ كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ھەقىقەتنى نامايان قىلىشىغا مۇھتاج بولىمىز. ئۇنىڭ باتۇرلۇقىغا تايىنىپ رېئاللىققا قارشىلىق كۆرسىتىمىز، رېئاللىقتىكى شەرمەندىلىكلەرنى ئېچىپ تاشلايمىز، رېئاللىقنىڭ ئالدىغا سوئال تاشلايمىز. شۇنداقلا دونكىخوت يەنە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن كۈچ- قۇۋۋەتكە ئېرىشىپ، يېڭىچە بىر رېئاللىقنى يارىتىدۇ- دە، ئاشۇ يېڭى رېئاللىق ئارقىلىق ئۆزىنى خورلاۋاتقان رەھىمسىز رېئاللىققا قارشى تۇرىدۇ. دونكىخوت بىلەن سانچۇنى سېلىشتۇرساق شۇنى بايقايمىزكى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دونكىخوتتىن ھوزۇرلىنىشى ئۇنىڭدا غايىگە تويۇنغان تەنقىدىي روھنىڭ بولغانلىقىدا. چۈنكى ئۇ توقۇپ چىقىلغان، ئۇ بىر ئەرۋاھ. ناۋادا رېئال تۇرمۇشتا راستىنلا دونكىخوتتەك بىر ساراڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ مال- مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، خەقلەرنى بولۇشىغا دۇمبالىسا، قويلارغا ھۇجۇم قىلسا، جىنايەتچىلەرنى قۇتقۇزسا . . . كىشىلەر جەزمەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنى تۇتۇپ ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ بېرىدۇ. لېكىن، ئەسەر ئىچىدە ئوقۇرمەنلەر ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭرىتىدۇ. سانچۇ بولسا كىشىگە روماندىكى بىر پېرسۇناژدەك ئەمەس، بەلكى رېئاللىقتىكى راست ئادەمدەكلا تۇيۇلىدۇ. شۇڭا بىز شۇنداق دېيەلەيمىزكى، توقۇلما رومانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھەرگىزمۇ رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رېئاللىقنى ئىنكار قىلىش، رېئاللىقنى رېئالىسزلىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. توقۇلما رومانلار قەلبىمىزدىكى چاڭقاقلىق بىلەن ئىزتىراپلىرىمىزغا ۋاقىتلىق بولسىمۇ بەرھەم بېرەلەيدۇ.
جاۋ: تەسەۋۋۇرغا باي بولۇش ـــ ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، شۇڭلاشقا رېئال تۇرمۇشنىڭ چەكلىملىكى بىلەن تەكرارلانماسلىقى ۋە خىيالىي دۇنيانىڭ چەكلىملىكى بىلەن تەكرارلىنىشىدەك زىددىيەت كۆرۈلىدۇ. ئەنە شۇنداق خىيال «يوقتىن پەيدا بولۇش» نىڭ باش مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. خىيال گەرچە تۈمەن مىڭ خىل بولسىمۇ، لېكىن ئاشۇ خىيالنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك بولىدۇ. سىزنىڭچە، مۇشۇ زىددىيەتنىڭ رومان ئىجادىيىتىگە نىسبەتەن ئەھمىيىتى بارمۇ؟
لوسا: ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، بۇنداق زىددىيەتلەر خىيالنى توم- توم توقۇلما رومانلارغا ئايلاندۇرىدۇ. گەرچە بۇ رومانلار يېزىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىزنىڭ جىسمانىي ھاياتىمىزنىڭ بىرلا قېتىم بولىدىغانلىقى بىلەن ھاياتلىق ئىستىكىمىزنىڭ كۆپ قېتىملىق بولۇشى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى قىسمەن بولسىمۇ ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئىلىم- پەن، جەمئىيەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ھەققىدە تالاي خىياللارنىڭ بولغىنىغا ئوخشاش، ئۇلاردا خىيال بولغاندىلا ئاندىن ئىنسانلار كىشىنى نىسبەتەن خۇشال قىلالايدىغان يېڭىچە بىر خىل رېئاللىقنى كۆرەلەيدۇ. ئەگەر ئۇلاردا خىيال بولمايدىكەن، ياۋروپالىقلار ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىيالمىغان، جۇڭگولۇقلارنىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتى بولمىغان، ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەر كىشىلىك ھوقۇق ئۈستىدە تالاش- تارتىش قىلالمىغان بولاتتى.

8. بۈگۈنكى ئەدەبىياتنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي رولى ھەققىدە

جاۋ: ئىسپانىيەنىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر يازغۇچىسى فرانسىسكو ئايالا: «ئەدەبىيات تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلدى. ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولى پەقەت ئوقۇرمەنلەرنى خوش قىلالايدۇ، ئۇلارغا ئىستېتىك زوقلا ئاتا قىلالايدۇ» دەپ قارايدىكەن. سىز مۇشۇ قاراشقا قوشۇلامسىز؟
لوسا: ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا زادى قانداق رول ئوينىشى كېرەك؟ بۇ مەسىلىگە مۇئامىلە قىلىشتا بەك ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. بىز ئەدەبىياتنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقساق يامان كەتمەس. 2000- يىلى فېۋرالدا ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادىرىدتتا چىقىدىغان بىر گېزىتتە مۇنداق بىر خەۋەر بېسىلغان: ناھايىتى ئابرويلۇق بىر ئادۋوكات بار ئىكەن، ئۇ ھازىر 65 ياشتا ئىكەن. ئۇ 40 يىلدىن بېرى ھەركۈنى ئىشقا بارغان، ئىشتىن چۈشكەن چېغىدا يولدا كېتىۋېتىپ رۇسىيەنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇيدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ ئەنە شۇنداق كىتاب ئوقۇغاچ مادىرىد شەھەر مەركىزىنى كېسىپ ئۆتىدىكەن. ئۆيى بىلەن ئىشخانىسى ئارىسىدىكى يولدا كىتاب ئوقۇيدىكەن، 40 يىلنى ئەنە شۇ يوسۇندا ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۆيى بىلەن ئىشخانىسىغا بېرىپ كېلىدىغان يولنىڭ قەيىرىدە ئورەك، قەيىرىدە ئىستولبا تۈۋرۈكى بارلىقى، مەركىزىي كوچىدىكى ھەر بىر كارىدور، پەلەمپەي ئۇنىڭغا يادا بولۇپ كەتكەن ئىكەن. يولدا كىتاب ئوقۇپ كېتىۋاتقاندا ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ دىققىتىنى چاچالمايدىكەن. بۇ ئادۋوكات يازغۇچىمۇ، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئەدەبىيات پروفېسسورىمۇ ئەمەسكەن، ئەدەبىي تەرجىمانمۇ ئەمەس ئىكەن. ئۇ ھەتتا رۇس تىلىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئۇ پەقەت رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئوقۇرمىنى ئىكەن. لېكىن، ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر پارچە نەسىر يازدىم، بۇ نەسىر يېقىندىلا گېزىتتە ئېلان قىلىندى. ئوقۇپ بېرەي، ئاڭلاپ بېقىڭ- ھە:
«توسۇماڭلار، ئۇ بوۋاي تەكشى، ئىلدام قەدەملىرى بىلەن يولىنى داۋام ئەتسۇن. توسۇماڭلار، ئۇ مادىرىدنىڭ قىستا- قىستاڭ كوچىلىرىدا ئالدىراش مېڭىپ يۈرگەن ئىشلەمچىلەر، سەرگەردانلار، بىكار تەلەتلەر ۋە سەيياھلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كەتسۇن. ماشنىلارنىڭ لابا ئۇرۇشلىرى، قۇلاقنى يارغۇدەك شاۋقۇن- سۈرەن، ئۆپچۆرىسىدىكى كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان خىلمۇخىل رەڭلەر بىلەن ئۇنىڭ پەرۋايى پەلەك. چۈنكى ئۇنىڭ روھى ئىسپانىيەدىكى زامان ۋە ماكاننىڭ سىرتىدا سەيىر ئەتمەكتە؛ پۈتۈن ۋۇجۇدى سىبىرىيەدىكى مەلۇم بىر جۇشقۇنلۇققا ئەسىر بولماقتا ياكى دون دەرياسى بويىدىكى كازاك چەۋەندازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئېتىنى قىيغىتىپ چېپىپ يۈرمەكتە؛ ياكى چار پادىشاھنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن ۋودكىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرمەكتە، بېلىق كونسېرۋاسىنى ئىشتىھا بىلەن يېمەكتە؛ ياكى بولمىسا سوغۇقتا دىر- دىر تىتىرىگىنىچە قارلىق دالىلاردا يۈگۈرۈپ يۈرمەكتە ۋە ياكى ئىسرىقداندىن كۆتۈرۈلگەن تۈرۈم- تۈرۈم ئىسلار ئارىسىدا بومبۇر ساقال پوپقا يۈزلىنىپ پراۋسلاۋىيە دىنى چېركاۋىدا ئولتۇرماقتا، روھى ئەنسىزلىككە چۈشۈپ غال- غال تىتىرىمەكتە. ئالدىدا ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنى خىزمەت ياكى زەربە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ مەڭگۈ بەختلىك. چۈنكى ئۇ روماندا يارىتىلغان سەنئەت دۇنياسىدا ياشىيالايدۇ.»
بۇنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق سىزگە بىر نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكچىمەن: ئەدەبىيات ـــ ئۇ سەنئەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەم ئەيلىگەن بىر زېمىن. ئۇ ئۆزىدىكى تۇرمۇش تۇيغۇلىرى ۋە سۇبيېكتىپ تەسەۋۋۇرلىرىغا ئاساسەن ياراتقان تىل- يېزىق دۇنياسى. ئوقۇرمەن ئەنە شۇ دۇنيادىن تۈرلۈك روھىي ئوزۇققا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇلار ئوقۇرمەنگە ھوزۇر، خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ، گاھىدا يەنە ئوقۇرمەننىڭ قەلبىدە ئەخلاق تۇيغۇسى ئويغىتىدۇ، ھايات پەلسەپىسى ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ. شۇڭا، مەن ئەدەبىياتنىڭ يەنىلا كۆپ ئىقتىدارلىق ئىجتىمائىي رولى بار دەپ قارايمەن.
جاۋ: «سۇدىكى بېلىق» دېگەن رومانىڭىزدىمۇ مۇشۇ خىلدىكى تۇيغۇلىرىڭىزنى تىلغا ئالغانىدىڭىز. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چېغىڭىزدا ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ يەنىلا نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپتىكەنسىز، ئوقۇغان شۇ ئەسەرلەر سىزنى مول روھىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپتىكەن، شۇ ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان يازغۇچىلار ياشلىق باھارىڭىزنى يورۇتۇپتىكەن، سىزگە تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق تۇرمۇشقا تەشنا بولۇشنى ئۆگىتىپتىكەن. بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئۆزىڭىز بىلەن ئەدەبىيات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قانداق باھا بېرىسىز؟
لوسا: ئەدەبىياتنىڭ ماڭا ئاتا قىلغانلىرى بەك كۆپ، لېكىن مېنىڭ ئەدەبىياتقا قوشقان تۆھپەم بەك ئاز. شۇڭا ھاياتلا بولىدىكەنمەن، يېزىقچىلىقتىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيمەن. ئەگەر يازالماي قالسام، جاجام بىر پاي ئوق. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇرمۇشتا نۇرغۇن بەختسىزلىكلەرگە ئۇچرىغاندا، ياخشى بىر پارچە كىتاب يېزىپ كىشىلەرنى ئازابتىن يەڭگىللىتىشمۇ بەختسىزلىك بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. بۇمۇ مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشتىكى مەقسىتىم.

(خەنزۇچە «ئەدەبىيات تۆرىدىكى 22 كاتتا يازغۇچى بىلەن سۆھبەت» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى) 

بۇ سۆھبەت «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان

]]>
?feed=rss2&p=10640 0